yehudilikte-hijab

يەھۇدىيلىكتە ھىجاب

يەھۇدىيلىكتە كىيىم – كېچەكنىڭ مۇھىملىقى
لىبېرال ئېقىملارنىڭ زامانىۋى يەھۇدىي دىنىي پىكرىگە ھۆكۈمران بولۇشى ۋە يەھۇدىيلىكنىڭ ئەمەلىيەتتە تەۋراتنىڭ ئىلاھىيلىقىنى رەت قىلىدىغان، ھەتتا كائىناتنىڭ ياراتقۇچىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىدىغان يەھۇدىي ئەسلىدىكى يازغۇچى ۋە سىياسىئونلار(1) تەرىپىدىن شوئار قىلىنىشى سەۋەبىدىن، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئېتىقادىدا «يەھۇدىيلىك بۇ لىبېراللار ياكى دىنسىزلار سۇنغان دىن» دېگەن چۈشەنچە ئورۇنلاشقان!!

بۇ ئورۇندىكى سۆزىمىز يەھۇدىيلىك ھەققىدە ئاسماندىن كەلگەن ئەسلى بار، ئۆزىنىڭ مۇقەددەس تېكىستلىرى چۆرىسىدە ئايلىنىدىغان ئالىملىرى تەرىپىدىن دىنىي تەفسىرلەرگە ئۇچرىغان دىن سۈپىتىدە بولغاچقا، بىز ئۆزىمىزنى بىز يۈزلىنىۋاتقان تېمىنى تەھلىل قىلىش جەريانىدا ساپ يەھۇدىي كۆزقارىشى بىلەن دىننىڭ تۇراقلىق ماھىيىتى ۋە ھەقىقىتىگە ھۆكۈمران ماھىيىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغان لىبېرال مايىللىق زامانىدا پەيدا بولغان نەرسىلەردىن ئەمەس، ئەسلى مەنبەلەر ئارقىلىق قاراشقا مەجبۇرلىشىمىز كېرەك.

يەھۇدىي دىنىنىڭ يەھۇدىيلەرنىڭ شەرىئەت ھۆكۈملىرى تونۇلىدىغان ئىككى مەرىپەت مەنبەسى بار:

1. يېزىلغان مەنبە: «قەدىم ئەھد» كىتابلىرى؛

2. ئاغزاكى مەنبە: يەھۇدىي ئۆلىمالارنىڭ مۇقەددەس كىتابلارنى تەفسىرلەشتىكى ئىجتىھادلىرى. «تەلمۇد» بۇ مىراسنى توپلىغان ئەڭ مۇھىم مەنبەلەردىن ھېسابلىنىدۇ.

يەھۇدىي دىنى تەپسىلىي تۇرمۇش تەرىپىگە چوڭ ئەھمىيەت بېرىشى بىلەن ئالاھىدىلىنىدۇ، بۇ قانۇنىي تېكىستلىرى ۋە شەخس ھەم جامائەتنىڭ يەھۇدىيچە شەكلىگە دىنىي تەسەۋۋۇرلارنى سۇنۇشقا ئىشلىگەن زور فىقھىي مىراسى ئارقىلىق بولىدۇ.

كىيىم – كېچەك ۋە ئەۋرەتلەر يەھۇدىي دىنىي تەپەككۇرىنىڭ چوڭ بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ، ئۇ ئىبادەتلەر، مۇئامىلىلەر، جىنايەتلەر ۋە ئېتىقادىي تەسەۋۋۇر، ئىبادەت قىلمىشى دائىرىسىدىكى باشقا نۇرغۇن بابلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك… بابىل تەلمۇدىنىڭ قوشۇمچىسى Derek Erez, Zuta x دا يەھۇدىيلەرنىڭ ئېتىقادىي تۇيغۇسىدىكى كىيىم – كېچەكنىڭ پاك – مۇقەددەسلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: «ئەر كىشى ئاللاھنىڭ شان – شەرىپى، كىيىم – كېچەك ئەر كىشىنىڭ شان – شەرىپى». شۇنىڭدەك «مىدراش»(2) ئىسرائىللىقلارنىڭ مىسىردىكى سىناقتىن قۇتۇلۇشىنىڭ تۆت سەۋەبىنىڭ بىرى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى پەرقلەندۈرىدىغان كىيىم – كېچەكنى ساقلاپ قالغانلىقى، يۇرت خەلقىنىڭ كىيىم – كېچىكى ئۈچۈن ئۇنى تاشلىۋەتمىگەنلىكى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان (Lv. Rab. 32.5)(3). يەھۇدىي دىنىي تەسەۋۋۇرىدىكى كىيىم – كېچەكنىڭ «پاك – مۇقەددەسلىك»ى ئىنساننىڭ روھىي جەۋھىرىنىڭ تەبىئىتىگە قايتىدۇ. يەھۇدىي ئالىملىرى مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ ئىبادەتخانا قۇرۇلغان كۈندىن تارتىپ: ‹نومۇس – ھايا مۇۋاپىق ئىش› دېگەن»(Tanhuma, Bemidbar 3)(4).

يەھۇدىي قانۇنىنىڭ ئايال كىيىم – كېچىكىگە بولغان ئەھمىيەت بېرىشى قانۇنىي بۇيرۇق ۋە چەكلەش، قىسسە، نەسىھەت ۋە ھېكمەت قاتارلىق جەھەتلەردىن كۆرۈنۈپ تۇراتتى:

بۇيرۇق ۋە چەكلەش

يەھۇدىي شەرىئىتى رەبنىڭ ھۆكۈملىرىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان كىيىم – كېچەكتىن ئاگاھلاندۇرۇشتا بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلەر بىلەن كەلگەن؛ مەسىلەن «تەسنىيە»(5): 22: 5 دە: «ئايالنىڭ ئەر كىشىنىڭ كىيىملىرىنى كىيىشى، شۇنىڭدەك ئەر كىشىنىڭ ئايال كىيىملىرىنى كىيىشى چەكلىنىدۇ. چۈنكى، بۇنداق قىلغان ھەركىم رەب ئىلاھىڭلارنىڭ نەزەرىدە يىرگىنچلىك بولىدۇ». بۇنىڭدا ئەر – ئايال ئوتتۇرىسىدا ئەۋرەت، تەبىئەت ۋە ۋەزىپىلەردە چوڭ پەرق بارلىقى بايان قىلىنغان.

قىسسە

«ئادەم» ۋە «ھاۋۋا» نىڭ چەكلەنگەن دەرەختىن يېگەندىن كېيىنكى قىسسىسىدە مۇنداق دېيىلگەن: «دەرھال ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئېچىلدى، يالىڭاچ ئىكەنلىكىنى بىلدى، ئۆزلىرىگە ئەنجۈر يوپۇرماقلىرىدىن ئىشتان تىكتى»(«تەكۋىن»: 3: 7). «رەب ئىلاھ ئادەم ۋە ئايالىغا تېرىدىن كىيىم تىكىپ كىيگۈزدى»(«تەكۋىن»: 3: 21). بۇ ئىنساننىڭ چوقۇم يېپىلىشى كېرەك بولغان «ئەۋرىتى» بارلىقىنى، ئۇنى ئېچىش رەب «ئادەم» ۋە ئايالى ئۈچۈن رازى بولغان دەسلەپكى ئادەم يارىتىلىشىنىڭ تەبىئىتىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

«مىساللار»: 10: 7 دە: «مانا بىر ئايال پاھىشە كىيىمىنى كىيىپ، ئالدامچى قەلب بىلەن ئۇنى قارشى ئالدى» دەپ كەلگەن؛ بۇ پاھىشىلەرنىڭ ئۆزلىرى تونۇلىدىغان، ئۆزلىرى ئۈچۈن مۇۋاپىق كۆرگەن پەس كەسىپنى پاش قىلىدىغان بۇزۇقچىلىق ۋە ئازغۇنلۇق كۆرۈنۈشلىرى بار كىيىمى بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

پاك كىشىلەرنىڭ قىلمىشلىرى

نۇرغۇن تېكىستلەردە ئەر كىشىنىڭ كۆزىنىڭ قاراش ئورنىغا دىققەت قىلىشقا ئاگاھلاندۇرۇلغان؛ بۇ ئايالنىڭ نېمە كىيىدىغانلىقى، ئەرلەرنىڭ كۆزىگە نېمىنى ئاشكارىلاپ نېمىنى يوشۇرىدىغانلىقى ۋە بۇنىڭ ئۈممەتنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئەخلاقىي بىخەتەرلىكىگە بولغان تەسىرىنىڭ مۇھىملىقىنى دەلىللەيدۇ.

«ئەييۇب»: 31: 1 دە مۇنداق دەيدۇ: «كۆزۈم بىلەن ئەھدە تۈزدۈم، قىزغا قانداقمۇ كۆز تىكەي؟» قىزغا قاراش بۇزۇقچىلىقنىڭ ئەلچىسى، ھالاكەتنىڭ يولى… بۇ ئايالنىڭ جەلپكار يەرلىرىنى ئەرلەرگە ئېچىشى ئۇلارنى پىتنىگە چاقىرغانلىقىنى دەلىللەيدۇ.

ھېكمەت

«مىساللار»: 31: 10 – 31 دا يەھۇدىي كىتابلىرىدىكى ئۈلگىلىك ئايالنىڭ سۈرىتىنىڭ مەركەزلەشكەن خۇلاسىسىنى تەمسىل قىلىدۇ: «پەزىلەتلىك ئايالنى كىم تاپالايدۇ؟ ئۇنىڭ قىممىتى مەرۋايىتتىنمۇ ئۈستۈن. ئېرىنىڭ قەلبى ئۇنىڭغا ئىشىنىدۇ، شۇڭا نەپىس نەرسىلەرگە موھتاج بولمايدۇ. ھاياتىنىڭ ھەممە كۈنلىرىدە ئۇنىڭغا يامانلىقسىز ياخشىلىق قىلىدۇ. يۇڭ ۋە كەندىر ئىزدەپ، رازى قوللار بىلەن ئىشلەيدۇ، يىراق يۇرتلاردىن تاماق ئېلىپ كېلىدىغان تىجارەتچىنىڭ كېمىلىرىگە ئوخشايدۇ. كېچە تېخى قاراڭغۇ تۇرۇپ تۇرىدۇ، ئۆي – تاۋابىئاتلىرىغا تاماق تەييارلايدۇ، دېدەكلىرىنىڭ ئىشلىرىنى تەدبىرلەيدۇ. ئېتىزنى تەكشۈرۈپ سېتىۋالىدۇ، قول ئەمگىكىدىن ئۈزۈمزارلىق تىكىدۇ. بېلىنى كۈچ بىلەن باغلايدۇ ۋە بىلەكلىرىنى كۈچەيتىدۇ. سودىسىنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، كېچىدە چىرىغى ئۆچمەيدۇ. ئىككى قولى بىلەن چاق تۇتىدۇ ۋە ئالىقىنى بىلەن ئۇرچۇق تۇتىدۇ. نامراتقا ئالىقىنىنى ئاچىدۇ ۋە موھتاجغا قوللىرىنى سوزىدۇ. ئۆي – تاۋابىئاتلىرىنىڭ قاردىن قورقۇشىدىن ئەنسىرىمەيدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى قىزىل رەڭلىك كىيىملەرنى كىيىدۇ. ئۆزىگە نەقىشلىك يوتقان – كۆرپىلەرنى ياسايدۇ، كىيىملىرى كەندىر ۋە سۆسۈن رەڭلىك رەختتىن تىكىلگەن. ئېرى شەھەر دەرۋازىلىرىنىڭ سورۇنلىرىدا تونۇلغان، يۇرتنىڭ مۆتىۋەرلىرى ئارىسىدا ئولتۇرىدۇ. كەندىر كۆينەكلەرنى تىكىپ ساتىدۇ، كەنئانلىق تىجارەتچىنى بەلۋاغ بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئىززەت – ھۆرمەت ئۇنىڭ كىيىمى، كېلەر كۈنلەردىن خۇشال بولىدۇ. ئاغزى ھېكمەت بىلەن سۆزلەيدۇ، تىلىدا ياخشىلىق ئادىتى بار. ئۆي – تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئىشلىرىغا دىققەت بىلەن قارايدۇ، ھۇرۇنلۇق نېنىنى يېمەيدۇ. بالىلىرى تۇرۇپ ئۇنىڭغا بەخت تىلەيدۇ، ئېرىمۇ ئۇنى ماختاپ: ‹نۇرغۇن ئايال ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلدى، لېكىن سەن ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن ئۈستۈن› دەيدۇ. چىرايلىق كۆرۈنۈش ئالدامچىلىق ۋە گۈزەللىك قۇرۇق گەپ، رەبتىن قورقىدىغان ئايال ماختىلىشقا لايىق. ئۇنىڭغا قول ئەمگىكىنىڭ مېۋىسىنى بېرىڭلار، ئۇنىڭ ئەمەللىرى دەرۋازىلاردا ئۇنى ماختىسۇن»… كىيىم – كېچەك بۇ تەقۋادار ئايالنىڭ جانلىق تەسۋىرىدە يەھۇدىيلەر دىنىدىكى ئەڭ يۈكسەك ئاياللىق سۈرەتنىڭ ئالامەتلىرىنى بايان قىلىشتا ئاساسلىق ئېلېمېنت بولغان.

فىقھىي جەھەتتىن يەھۇدىيلەر «צניעות» (تسىنىئۇت) سۆزىنى «ئىپپەت» مەنىسىدە ئىشلىتىدۇ، ئۇ يەھۇدىيلەرنىڭ شەرئىي كىيىم – كېچىكىگە، ئىككى جىنس ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت چېگرىسىغا مۇناسىۋەتلىك قانۇنىي ھۆكۈملەر توپلىمىنى كۆرسىتىدۇ ۋە يەھۇدىي ئايالنىڭ كىيىم – كېچىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن قايتا – قايتا ئىشلىتىلىدۇ… بۇ سۆز «مىكاھ»: 6: 8 دە مۇشۇنداق مەزمۇندا: «ئىلاھىڭ بىلەن كەمتەرلىك بىلەن ماڭ (הצנע)» دەپ كەلگەن، بابىل تەلمۇدىدا (Sukkah 49b) رىببىي(6) «ئېلىئەزەر بىن سادىق» بۇ تېكىست بىلەن تەلەپ قىلىنغان نومۇسچان قىلمىش ئوتتۇرىسىنى باغلىغان.

بۇ قانۇنىي ھۆكۈملەر ئايالنىڭ ئىپپەتلىك قىلمىشىغا مۇناسىۋەتلىك ھەممە نەرسىگە، جۈملىدىن ئىبرانىي كىتابلىرىنىڭ شەرىئەت ھۆكۈملىرىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان كىيىم – كېچەككە ئەھمىيەت بەرگەن… يەھۇدىي ئالىملار بۇ ھۆكۈملەرگە فىقھىي ئىستىنبات جەھەتتىن ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن، قەدىمكى يەھۇدىي جەمئىيەتلىرى ئومۇمەن بۇنىڭغا رىئايە قىلغان؛ ھەتتا تۇرمۇشلۇق يەھۇدىي ئايال ئادەتتە يېپىلىدىغان جايلاردىن بىرەر نەرسىنى ئاچسا ئەخلاقىي بۇزۇقلۇق بىلەن ئەيىبلىنەتتى، شۇنىڭدەك بەدىنىدىن بىر غېرىچچىلىك ئېچىشمۇ ئىباھىيلىك قىلمىشى دەپ ھېسابلىناتتى(7).

(1) قەدىم ئەھد كىتابلىرى (2) مۇقەددەس يەھۇدىي فىقھى (3) ئەسلى يەھۇدىي ئەمەلىيىتىگە قارىغاندا؛ ھىجابنىڭ يەھۇدىي دىنىدا رەببانىي پەرز ئىكەنلىكىگە خۇلاسە چىقىرالايمىز، گەرچە بۈگۈنكى يەھۇدىيلەرنىڭ كۆپىنچىسى بۇ شەرىئەتنى زايە قىلىۋەتكەن بولسىمۇ.

تۆۋەندىكى سۆزدە تەپسىلىي بايان كېلىدۇ.

 

«قەدىم ئەھد»دىكى ھىجاب
«قەدىم ئەھد»(8)تە ھىجابنىڭ ئاياللارغا مەجبۇرىي رەببانىي شەرىئەت ئىكەنلىكىنى ئېنىق لەۋزى بىلەن كۆرسىتىدىغان بىر تۈركۈم تېكىستلەر بار. بۇ تېكىستلەر يەھۇدىي ئايالغا ھىجابنىڭ پەرزلىك ھۆكمىنى ئۇنىڭ ئومۇمىيلىقىدىن ئالغان يەھۇدىي ئالىملارغا مەلۇم ئىدى(9). لېكىن، يەھۇدىيلەرنىڭ غەرب جەمئىيەتلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى ۋە يەھۇدىيلىكنىڭ مەلۇم دەرىجىدە ئاسمانىي ئەسلىگە باغلانغان دىندىن، كۆپىنچە غالىب غەربچە لىبېرال پىكىرنى قوللىنىدىغان تار ئىرقىي مەنسۇپلۇققا ئايلىنىشى بىلەن؛ بۇ تېكىستلەر ئەمەلىي پىكرىي مەيداننىڭ كۆپىنچىسىدىن غايىب بولدى.

بۇ تېكىستلەردە شۇ نەرسە كۆزگە چېلىقىدۇكى، ئۇنىڭ كۆپ قىسمى ئايالنىڭ چېچىنى يېپىش شەرىئىتىدىلا توختاپ قالماي، ئۇنىڭدىن ھالقىپ يۈزنى يېپىش، شۇنىڭ بىلەن ئايالنىڭ پۈتۈن بەدىنىنى يېپىش ھەققىدە سۆزلەيدۇ؛ يەھۇدىي ئېنسىكلوپېدىيىسى The Universal Jewish Encyclopedia «قەدىم ئەھد» چۈمبەل Veil ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «چۈمبەل يۈزنى يېپىش ئۈچۈن. مۇقەددەس كىتاب ئادەتتە ‹چۈمبەل› دەپ تەرجىمە قىلىنىدىغان بىرقانچە سۆزنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ سۆزلەرنىڭ تەپسىلىي مەنىسى نامەلۇم، بەلكىم ئۇلار يەنە يۈزنى يېپىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان باشقا كىيىملەرنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. צע’ף سۆزى رىفقە («تەكۋىن»: 24: 65) ۋە تامار («تەكۋىن»: 38: 14، 19) ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن، مۇقەددەس كىتابتا چۈمبەل ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن باشقا سۆزلەر — گەرچە مەنىسى ھەمىشە قەتئىي بولمىسىمۇ — צמה دۇر («يەشايا»: 47: 2؛ «كۈيلەرنىڭ كۈيى»: 4: 1، 3؛ 6: 7) ۋە רד’ד («يەشايا»: 3: 23؛ «كۈيلەرنىڭ كۈيى»: 5: 7) ۋە רעלה («يەشايا»: 3: 19) دىن ئىبارەت.»(10)

بۇ يەردە يەھۇدىيلەر (ۋە خرىستىيانلارمۇ) مۇقەددەس ساناپ كەلگەن بۇ كىتابلاردا ھىجابنىڭ شەرئىي ئورنىنى ئاشكارىلايدىغان «قەدىم ئەھد»نىڭ مۇھىم تېكىستلىرىنى تەكشۈرىمىز؛ بۇ تېكىستلەرنىڭ مەنتۇق (تەلەپپۇز قىلىنىشتىن ئېلىنغان مەنا) ۋە مەفھۇم (تەلەپپۇز قىلىنىشتىن ئېلىنمىغان مەنا) سىدىن ھەقىقەتنى ئايدىڭلاشتۇرىدۇ.

***

«تەكۋىن»: 24: 64، 65 تە مۇنداق دېيىلگەن: «رىفقە كۆزىنى كۆتۈرۈپ ئىسھاقنى كۆردى ۋە تۆگىدىن سەكرەپ چۈشتى، خىزمەتچىگە: ‹ئېتىزدا بىزنىڭ ئالدىمىزغا كېلىۋاتقان بۇ ئادەم كىم؟› دېدى. خىزمەتچى: ‹بۇ مېنىڭ خوجايىنىم› دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھىجابنى ئېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن يۆگەندى.» «فاندايك» تەرجىمىسىدە: «ئۇ ‹بۇرقۇ / چۈمبەل› نى ئېلىپ يۆگەندى» (ותשא רבקה את-עיניה, ותרא את-יצחק; ותפל, מעל הגמל. ותאמר אל-העבד, מי-האיש הלזה ההלך בשדה לקראתנו, ויאמר העבד, הוא אדני; ותקח הצעיף, ותתכס.) دېيىلگەن.

«رىفقە» نېمە قىلدى؟

ئۇ «ھىجاب / چۈمبەل» (הצעיף، ھەتسائىف) نى ئېلىپ ئۇنىڭ بىلەن «يۆگەندى» (ותתכס)… مۇقەددەس كىتاب ئېنسىكلوپېدىيىسى (The International Standard Bible Encyclopaedia) نىڭ دېيىشىچە، بۇ يۈزنىمۇ ياپىدىغان چوڭ بىر رىدا ئىدى!(11)

گرېكچە يەتمىشلىك تەرجىمىسى «הצעיף» سۆزىنى «τὸ θέριστρον» دەپ تەرجىمە قىلغان، بۇ بەدەننى، بولۇپمۇ باشنى ياپىدىغان يەڭگىل يازلىق رىدانىڭ ئىسمى بولۇپ، «تېرتۇللىئان» ئۆزىنىڭ «قىزلارنىڭ يۆگىنىشى ھەققىدە de Velandis virg» كىتابىنىڭ 17 – بابىدا ۋە چېركاۋ مۇقەددىسى «جېروم» ئۆزىنىڭ «ئېۋستوچقا ad Eustoch» كىتابىدا، بۇنى مىلادىيە دەسلەپكى ئەسىرلىرىدە ئەرەب ئاياللىرى كىيىدىغان كىيىم دەپ تىلغا ئالغان(12).

يەتمىشلىك تەرجىمىسى مۇشۇ سۆزنى «كۈيلەرنىڭ كۈيى»: 5: 7 دە ئايالنىڭ قاراۋۇللارنىڭ ئۇنىڭ بەدىنىدىكى بەزى كىيىملىرىنى سالدۇرۇۋەتكەنلىكى ھەققىدىكى سۆزىدە ئىشلەتكەن.

***

«يەشايا»: 47: 1 – 3 دە مۇنداق دېيىلگەن: «ئى بابىل قىزى پاك قىز! چۈشۈپ توپىغا ئولتۇر. ئى كالدانىيلارنىڭ قىزى! تەختتە ئەمەس يەرگە ئولتۇر، چۈنكى سەن بۇنىڭدىن كېيىن ھۇزۇر – ھالاۋەتكە ئېرىشكۈچى دەپ ئاتالمايسەن. يارغۇنچاق تاشلىرىنى ئېلىپ ئۇن تارت. چۈمپەردەڭنى ئېچىپ، ئېتىكىڭنى كۆتۈرۈپ، پاچىقىڭنى ئېچىپ، دەريالاردىن ئۆت، يالىڭاچلىقىڭ ئېچىلىپ قالىدۇ، نومۇسۇڭ كۆرۈنىدۇ، مەن ئىنتىقام ئالىمەن ۋە ھېچكىمنى كەچۈرمەيمەن».

بۇ تېكىستتە رەب بابىل شەھىرىگە — ياكى ئۇنىڭ خەلقىگە — ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىغا ئاسىيلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن تەنبىھ بېرىپ خىتاب قىلىدۇ(13). ئۇنىڭ ئىشىنىڭ چۈشكۈنلۈك ۋە خارلىققا يۈزلىنىدىغانلىقىدىن خەۋەر بېرىدۇ، ئۇ بۇنى پاك قىز «בתולת» (بەتۇل) بىلەن سىمۋوللاش ئارقىلىق قىلىدۇ… بۇ قىزغا قاتتىق سىناقلار چۈشىدۇ، كونا ئىززەتتىن كېيىن… يەرنىڭ توپىسى «עפר» (ئافار / العفر) ئۈستىگە ئولتۇرىدۇ… قوللىرى بىلەن ئۇن تارتىدۇ، بۇ ئۇ زاماندا قۇل ۋە دېدەكلەرنىڭ ئىشى ئىدى(14). ھۆرمىتىنىڭ چۈشۈشى ۋە خارلىققا قېلىشىنىڭ بەلگىسى سۈپىتىدە «چۈمبەل» «צמה»نى ئاچىدۇ. بۇ ھەقتە يەھۇدىي ئالىم «تادرۇس يەئقۇب مالتىي» مۇنداق دەيدۇ: «‹چۈمبىلىڭنى ئاچ، ئېتىكىڭنى كۆتۈر›؛ بۇ ئۇ چاغدا ئىززەتلىك كىچىك قىزلار ئۈچۈن لايىق ئەمەس ئىش ئىدى، ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى ئېچىشى ياكى كىيىملىرىنىڭ ئېتىكىنى كۆتۈرۈشى»(15).

بۇ تېكىستتە (رەب) نىڭ بۇ قىزغا: «چۈمبىلىڭنى ئاچ» «גלי צמתך» دېيىشى ئايالنىڭ ئەسلىدە چۈمبەللىك بولۇشى كېرەكلىكىگە دەلىلدۇر.

مۇھاكىمەچى «جوزېف ئاددىسون ئالېكساندېر Joseph Addison Alexander» مەنىنى مۇنداق چۈشەندۈرىدۇ: «ئەرەب شائىرلىرىدىن بىرى ھىجابسىز ئايال گۇرۇپپىسى ھەققىدە سۆزلەپ، ئۇلارنىڭ شۇنىڭ بىلەن دېدەكلەرگە ئوخشاپ قالغانلىقىنى ئېيتقان، بۇ دەل بۇ يەردە ئىپادىلەنگەن پىكىر»(16). بۇ يەردە ھىجاب ھۆر ئايالنى قۇل قىلىنغان دېدەكتىن پەرقلەندۈرىدىغان نەرسىدۇر.

***

«يەشايا»: 3: 16 – 24 دە ئىسرائىل قىزلىرىنىڭ چۈمبەل ئارتقانلىقىغا ئىشارە قىلىنغان:

«رەب مۇنداق دەيدۇ: ‹سىئون قىزلىرى مۇتەكەببۇر، بوينىنى سوزۇپ، كۆزلىرى بىلەن ناز قىلىپ، سەنتەڭشىپ مېڭىپ، پۇتلىرىدىكى خالخاللارنى جىرىڭلىتىدۇ. رەب ئۇلارنى تاز قىلىپ، ئەۋرەتلىرىنى ئاشكارىلايدۇ›».

«شۇ كۈنى رەب خالخال زىننىتىنى، باش تېڭىقلىرىنى، ئاي شەكىللىك زىننەتلەرنى، زىرە، بىلەيزۈك ۋە چۈمبەللەرنى (והרעלות)، تېڭىق، زەنجىر ۋە بەلۋاغلارنى، خۇشپۇراق قاچىلىرى، تۇمارلار ۋە ئۈزۈكلەرنى، بۇرۇن ھالقىلىرىنى، بېزەلگەن كىيىملەر، ئابايا، يوپۇقلار ۋە خالتىلارنى، ئەينەك ۋە كەندىر كىيىملەرنى، بېزەلگەن تېڭىقلار ۋە باش يېپىنچىلىرىنى ئېلىپ تاشلايدۇ، خۇشپۇراق ئورنىغا سېسىقچىلىق، بەلۋاغ ئورنىغا ئارغامچا، رەتلىك چاچ ئورنىغا تازلىق، پەخىرلىك كىيىم ئورنىغا بۆز توقۇلما، گۈزەللىك ئورنىغا نومۇس كېلىدۇ».

«רעלות» (رەئالوت) سۆزى «רעל» (رائەل) نىڭ كۆپلۈك شەكلى بولۇپ، ئۇ «צעיף» دەپ ئاتىلىدىغان تۆۋەن دەرىجىلىك تۈرنىڭ ئەكسىچە ئېسىل تۈردىكى چۈمبەلدۇر(17).

رەب ئۆز خەلقى (ئىسرائىل ئەۋلادى) نىڭ ئاياللىرىنى ئەگەر ئۇلار ھەق يولدىن چەتنەپ، ئازغۇنلۇق يولىدا مېڭىپ، نازىل قىلغان شەرىئەت چېگرىسىدىن چىقىپ كەتسە، قاتتىق جازالاش بىلەن تەھدىت قىلىدۇ… بۇ جازانىڭ تەرەپلىرىدىن بىرى: («تاللانغان خەلق») نىڭ ئاياللىرىنىڭ چۈمبەللىرىنى تارتىۋېلىش… بۇ ئىسرائىل ئاياللىرىنىڭ يۈزنى يېپىش ئۈچۈن چۈمبەل كىيىشىنىڭ ئادىتى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ؛ چۈنكى رەب ئۇلاردىن ئۇلاردا يوق نەرسىنى قانداق تارتىۋالسۇن؟!

مۇھاكىمەچى «ئوتتو كايزېر Otto Kaiser»([18^]) بۇ تېكىستنىڭ شەرھىسىدە مۇنداق دەيدۇ: «…بۇ ئۇلارنى نومۇس قىلدۇرىدۇ ۋە ئۇلار ئاممىنىڭ ئالدىدا چۈمبەلسىز ۋە باش ياپقۇچسىز كۆرۈنگەنلىكى ئۈچۈن ‹ھايا قىلمايدىغان› دەپ قارىلىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ دېدەكلەر دەرىجىسىگە چۈشۈپ قالىدىغانلىقى ۋە ئۇرۇش ئەسىرلىرىدەك ئېلىپ كېتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ»(19).

يەھۇدىي ئېنسىكلوپېدىيىسى بۇ تېكىستنى «باشنى يېپىش مەجبۇرىيىتى قەدىمكى زامانلارغا تۇتىشىدۇ» دېگەنگە دەلىل قىلغان(20).

***

«دانىيال»: 13: 2، 3 «سۇساننا»نى مۇئمىن تەقۋادار دەپ سۈپەتلىگەن: «ئۇ ھىلقىيانىڭ قىزى سۇساننا ئىسىملىك بىر ئايالنى ئالدى، ئۇ ئىنتايىن چىرايلىق ۋە رەبتىن قورقىدىغان ئىدى، ئۇنىڭ ئاتا – ئانىسى ھەققانىي بولۇپ، ئۇنى مۇسانىڭ شەرىئىتى بويىچە تەربىيىلىگەن». دانىيالنىڭ كىتابىنىڭ ئۆزىدە ئۇنىڭ چۈمبەللىك دەپ سۈپەتلىنىشى كەلگەن: «سۇساننا ئىنتايىن لاتاپەتلىك، كۆرۈنۈشى چىرايلىق ئىدى، ئۇ چۈمبەللىك بولغاچقا، بۇ ئىككى پاسىق ئۇنىڭ يۈزىنى ئېچىشقا بۇيرۇدى، ئۇنىڭ گۈزەللىكىدىن قانغۇچە بەھرىمەن بولماقچى»(13: 31، 32)(21).

***

يەھۇدىي ئالىملار ھىجابنىڭ شەرىئەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشتا پايدىلانغان ئەڭ مۇھىم مۇقەددەس كىتاب تېكىستى «سان» كىتابىدا «كۈنلەش شەرىئىتى» دەپ ئاتالغان شەرىئەت ھەققىدىكى سۆزدۇر؛ تېكىست «ئەگەر بىر ئەر خوتۇنىنىڭ زىنا قىلغانلىقىدىن گۇمانلانسا، بۇنى سوتتا ئىسپاتلايدىغان ماددىي دەلىلى بولمىسا؛ خوتۇنىنى پوپقا ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى، ئۇ ئايالنىڭ بېشىنى ئاچىدىغانلىقى، قوللىرىغا خاتىرە ھەدىيەسى، يەنى كۈنلەش ھەدىيەسى قويىدىغانلىقى، پوپ قولىدا ئاچچىق لەنەت سۈيىنى تۇتىدىغانلىقى. ئايالغا قەسەم ئىچكۈزۈپ: ‹ئەگەر سەن بىلەن باشقا ئەر ياتمىغان بولسا، ئېرىڭگە خىيانەت قىلمىغان بولساڭ، بۇ ئاچچىق لەنەت سۈيىدىن پاك بولىسەن›» دېگەنلىكىنى دەيدۇ («سان»: 5: 18، 19). پوپنىڭ ھىجاب بىلەن يېپىلغان باشنىلا «ئېچىشى» مۇمكىن… ئىسرائىل ئەۋلادى ئالىملىرى ئارىسىدىكى مەشھۇر يەھۇدىي ئالىم «راشى»(22) بۇ تېكىستكە: «ئۇلار ئۇنىڭ رەسۋا بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق قىلىدىغان بولغاچقا… بۇ ئۇنداق قىلىشنىڭ (ئەسلىدە) ھارام ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ياكى يەنە ‹ئاچىدۇ› دەپ يېزىلغاچقا، بۇ شۇ ئىشقىچە (بېشى) يېپىق ئىدى دېيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭدىن ئىسرائىل قىزلىرىنىڭ ئادىتىدە بېشى ئوچۇق چىقماسلىق بارلىقى ئايدىڭلىشىدۇ. بۇ ئاساسىي (تەفسىر) دۇر» دەپ شەرھلىگەن(23). شۇنىڭدەك كېيىنكى مەشھۇر يەھۇدىي ئالىملىرىدىن «فىلنا گائون»(24) بۇنى ئىسرائىل ئاياللىرىنىڭ باشلىرىنى ئېچىشىنىڭ ھاراملىقىغا دەلىل قىلغان(25).

«سان»: 5: 18 نىڭ مىدراشىدا پوپنىڭ ئايالنىڭ چېچىنى ئېچىپ قويۇشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە مۇنداق دېيىلگەن: «چۈنكى، ئىسرائىل قىزلىرىنىڭ ئادىتىدە چاچلىرى يېپىق بولىدۇ، شۇڭا ئۇ بېشىنىڭ چېچىنى ئاچقاندا، ئۇنىڭغا: ‹سەن ئادەتتە باشلىرى يېپىق بولىدىغان ئىسرائىل قىزلىرىنىڭ يولىدىن چىقىپ، باشلىرى ئوچۇق ماڭىدىغان بۇتپەرەس ئاياللارنىڭ يوللىرىدا ماڭدىڭ› دەيدۇ».

***

«كۈيلەرنىڭ كۈيى» كىتابىنىڭ ئىگىسى سۆيگىنىنى تەرىپلىمەكچى بولغاندا مۇنداق دېگەن: «ئاھ سۆيۈملۈكۈم! سەن نېمىدېگەن چىرايلىق، نېمىدېگەن چىرايلىق! چۈمبىلىڭ ئارقىسىدىكى كۆزلىرىڭ كەپتەردەك» («كۈيلەرنىڭ كۈيى»: 4: 1). يەھۇدىيلەر ۋە چېركاۋ «سۇلايمان پەيغەمبەر» دەيدىغان يازغۇچىنىڭ ئايالغا: «چۈمبىلىڭ ئارقىسىدا» «מבעד לצמתך» (مىببەئەد لەتسىماتىخ) دېيىشى بۇ پەيغەمبەرنىڭ بۇ كىيىمنى كىيىشكە ئىقرار قىلغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئىسرائىل ئەۋلادىنىڭ شەرىئىتىدىن ئىكەنلىكىگە دەلىلدۇر!

***

«ئىرمىياﺋ»: 3: 3 تە رەب ئىلاھ «يەھۇدا» نى ئەيىبلەپ تەنبىھ بەرمەكچى بولۇپ مۇنداق دېگەن: «شۇڭا يامغۇر سەندىن توسۇلدى، باھار يامغۇرلىرى ياغمىدى، شۇنداق تۇرۇقلۇق سەندە خىجىل بولۇشنى رەت قىلىدىغان پاھىشىنىڭ پېشانىسى بار».

مەشھۇر مۇھاكىمەچى «فىلىپ شاف Philip Schaff» باشچىلىقىدا تۈزۈلگەن «مۇقەددەس كىتاب لۇغىتى Dictionary of the Bible» دە «پېشانە» ماقالىسىدا: «ئاياللار قاچانلا ئىپپەت – نومۇسقا رىئايە قىلسا؛ پېشانىسىنى ھىجاب بىلەن ياپقان، ئۇنداق قىلمىسا؛ بۇ ئۇلارنىڭ ھايانى تاشلىغانلىقىنىڭ بەلگىسى بولغان» دېيىلگەن («ئىرمىياﺋ»: 3: 3)(26).

***

«قەدىم ئەھد» بىزگە باشنى ئېچىشنىڭ قايغۇنىڭ، ھەتتا قايغۇدا ھەددىدىن ئېشىشنىڭ بەلگىسى ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلىدۇ، ھەتتا مۇنداق كەلگەن: «مۇسا ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئەلئازار بىلەن ئىتامارغا: ‹ئۆلۈپ كەتمەسلىكىڭلار ۋە رەبنىڭ پۈتۈن خەلققە غەزەپلەنمەسلىكى ئۈچۈن، ماتەم تۇتۇپ باشلىرىڭلارنى ئاچماڭلار، كىيىملىرىڭلارنى يىرتماڭلار. ئەمما قالغان خەلق رەب كۆيدۈرۈۋەتكەنلەر ئۈچۈن يىغلىسۇن› دېدى»(«لەۋىيلەر»: 10: 6).

ئەگەر مۇسا ئەلەيھىسسالام زامانىدا باشنى ئېچىش ئەرلەر ئۈچۈنمۇ يامان ئىش بولسا، ئايالغا نىسبەتەن ئىش قانداق بولار!؟

يەھۇدىي فىقهىسىدىكى ھىجاب
يەھۇدىي دىنىي ئۆلىمالىرىنىڭ ئىلمىي چۈشەنچىسىدە «ئايال كىشى ئەر كىشىنى جەلپ قىلىدىغان مەنبە» دەپ قارىلىدۇ. تەۋرات پىتنە – پاسات كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تەدبىر قوللانغان. ئۆلىمالار مۇقەددەس كىتابلاردىن ئايال كىشىنىڭ بېشىنى ئېچىشنىڭ ھاراملىقىنى تەكىتلەيدىغان نۇرغۇن ھۆكۈملەرنى سۆزنىڭ دالالىتىنى كۆزىتىش، كونتېكىستىكى مەزمۇن باغلىنىشى ۋە مەلۇم ۋەقەلىكلەرنى تېكىست مەزمۇنىنىڭ ئومۇمىيلىقىغا قايتۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق يەكۈنلەپ چىقىرىلغان. بۇ دىنىي مىراس تەلمۇد ۋە مىشناھ (يەھۇدىي قانۇنلىرىنى ۋە «قەدىم ئەھد»نىڭ كېڭەيتىلگەن شەرھ ۋە تەفسىرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان) قاتارلىق مۇھىم مەنبەلەردە توپلانغان. شۇنداقلا بۇ ئىستىنبات خىزمىتى مۇسا ئىبن مەيمۇنغا ئوخشاش كېيىنكى دەۋر فىقھىشۇناسلارنىڭ شەرھى ۋە قانۇن كىتابلىرىدا، ھەمدە «مىدراشات» ۋە «زوھار» قاتارلىق سوپىزملىق خاراكتېرىدىكى تەپەككۇر كىتابلىرىدىمۇ كۆرۈلگەن.

باشنى يېپىشنىڭ ۋاجىبلىقى ھەققىدىكى بىردەكلىك

يەھۇدىي ئالىم مايېر شىللېر Mayer Schiller يەھۇدىي فۇقەھائنىڭ تۇرمۇشلۇق يەھۇدىي ئايالنىڭ كوچىدا چېچىنى تولۇق ئېچىشىنىڭ ھاراملىقى ھەققىدىكى بىردەكلىكىنى نەقىل قىلىپ: «تۇرمۇشلۇق ئايالنىڭ جامائەت سورۇنلىرىدا چېچىنى تولۇق ئاشكارىلىشىغا رۇخسەت قىلىدىغان ھېچقانداق قوبۇل قىلىنغان دىنىي مەنبە (تېكىست ياكى فەقىھ‍) يوق In public there appears to be no accepted halachic source to permit a married woman to have her hair totally uncovered» دېگەن. ئۇ يەنە: «بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادىكى (يەھۇدىي) فۇقەھائلار ئايالنىڭ چېچىنى يېپىش مەسىلىسىنى ئوبيېكتىپ ھۆكۈم دەپ قارايدۇ. (ھىجاب كىيىش) ئۇسۇلى ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشكە ئەگىشىپ ئۆزگەرسىمۇ، ئەمما بۇ ھۆكۈمنىڭ ئاساسىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ Today, woman’s hair covering is seen as an objective norm throughout the halachic world, the method of which may be influenced by social change, but not the basic requirement» دەپ قوشۇمچە قىلغان(27).

يەھۇدىي ئالىم گېتزېل ئېللىنسون Getsel Ellinson مۇ ئوخشاش بىردەكلىكنى نەقىل قىلىپ: «بارلىق (ئىلمىي) ئاپتورىتېتلار تۇرمۇشلۇق ئايالنىڭ چېچىنى ئېچىپ ئۆيدىن چىقماسلىقى كېرەكلىكىدە تولۇق بىردەك. پەقەت بۇ ھاراملىقنىڭ تەپسىلاتلىرىدىلا پىكىر ئىختىلاپى مەۋجۇت» دېگەن(28).

ئايالنىڭ چېچى ئەۋرەت

تەلمۇدتا يەھۇدىي ئالىم شېشېت ששת ئوچۇق – ئاشكارا: «ئايالنىڭ چېچى ئەۋرەتتۇر / שער באשה ערוה» دېگەن (Berachoth 24a). ئوتتۇرا ئەسىرلەردىكى داڭلىق يەھۇدىي ئالىملىرىدىن بولغان يەھۇدىي ئالىم يەئقۇب بىن ئاشېر  Jacob ben Asherمۇ ئۆزىنىڭ مەشھۇر يەھۇدىي قانۇن كىتابى «ئاربا تۇرىم / ארבעה טורים‎»دا شۇنداق دەپ بېكىتكەن(29). كۆزگە كۆرۈنگەن يەھۇدىي فەقىھ يەئقۇب ب. مېيىر Jacob b. Meir: «ئايالنىڭ چېچى ئەۋرەت» دېگەن تېكىست ئۇنىڭغا قاراشنىڭ (شەرىئەت مەسىلىسى) ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ» دېگەن(30). يەھۇدىي تەلمۇد ئالىمى راۋاد پوسكۇيرېس(31) بۇنى: «ئەر كىشىنىڭ ئايالنىڭ كىچىك بارمىقى ياكى چېچى بولسۇن، ھەرقانداق يېرىگە قارىشى چەكلەنگەن» دەپ چۈشەندۈرگەن(32).

تەلمۇدتا يەھۇدىي ئالىم شېشېتنىڭ: «كىمكى ئايالنىڭ كىچىك بارمىقىغا تىكىلىپ قارىسا، ئۇنىڭ بەدىنىدىكى مەخپىي جايغا (ئۇياتلىق يېرىگە) قارىغانغا ئوخشاش כל המסתכל באצבע קטנה של אשה כאילו מסתכל במקום התורף» دېگەنلىكى بايان قىلىنغان (Berachoth 24a). بۇ يەھۇدىي دىنىدا ئايالنىڭ بەدىنى ئەر كىشىگە نىسبەتەن جىنسىي جەلپ قىلىش مەنبەسى بولۇپ، كۆزلەرنى ئۇنىڭدىن يىراق تۇتۇش كېرەكلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

نۇرغۇن يەھۇدىي فۇقەھائ‍ «لىفنې ئىۋېر לפני עיור» دەپ ئاتىلىدىغان يەھۇدىي شەرىئەت قائىدىسى(33)ئاساسىدا ئايالنىڭ بېشىنى يېپىشى كېرەكلىكىنى بېكىتكەن. بۇ قائىدە ئەخلاق ۋە يۈرۈش – تۇرۇش مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ. تەلمۇد بۇ قائىدىنى بۇزغانلارغا يەھۇدىي جەمئىيىتىدىن چىقىرىۋېتىشتىن ئىبارەت مەھرۇم قىلىش חרם جازاسىنى بەلگىلىگەن. يەھۇدىي فۇقەھائ‍ بۇ ھۆكۈمنى شۇ قائىدە ئاساسىدا بېكىتكەن، چۈنكى ئايال كىيىم – كېچىكىگە سەل قاراش ئارقىلىق ئەر كىشىنى گۇناھقا باشلايدۇ(34).

ھىجاب مۇقەددەس ئۆرپ – ئادەتتىن

تەلمۇدتا مۇنداق دېيىلگەن (Kethuboth 72a): «تۆۋەندىكىلەر نىكاھ خېتىسىز35 تالاق قىلىنىدۇ: مۇسانىڭ شەرىئىتىنى ياكى يەھۇدىي ئۆرپ – ئادىتىنى بۇزغان ئايال؛ مۇسانىڭ شەرىئىتىنى بۇزۇش دېگەن نېمە؟ ھەيز مەزگىلىدە جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش؛ يەھۇدىي ئۆرپ – ئادىتىنى بۇزۇش دېگەن نېمە؟ بېشى ئوچۇق ھالدا سىرتقا چىقىش. ואלו יוצאות שלא בכתובה העוברת על דת משה ויהודית ואיזו היא דת משה מאכילתו שאינו מעושר ומשמשתו נדה ולא קוצה לה חלה ונודרת ואינה מקיימת ואיזוהי דת יהודית יוצאה וראשה פרוע …». تەلمۇد شەرھىسىدە يەھۇدىي ئالىم ئىسمائىلنىڭ مەدرىسىسى بۇ تېكىستنىڭ تەۋراتنىڭ ئىسرائىل قىزلىرىنى بېشى ئوچۇق ھالدا سىرتقا چىقىشتىن توسقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ دەپ چۈشەنگەنلىكى بايان قىلىنغان.

يەھۇدىي ئالىم گېتزېل ئېللىنسون: «ئەمەلىيەتتە كۆپچىلىك (ئىلمىي) ئاپتورىتېتلار چاچ ئوچۇق ھالدا (ئايالنىڭ) سىرتقا چىقىشىنى تەۋرات چەكلىمىسىنى بۇزغانلىق دەپ قارايدۇ» دېگەن(36).

يۇقىرىقى تەلمۇد تېكىستىدە مۇسا شەرىئىتى بىلەن ئۆرپ – ئادەت شەرىئىتى ئارىسىدا پەرق بارلىقى كۆرۈنگەنلىكى ئۈچۈن، نۇرغۇن يەھۇدىي فۇقەھائ‍ بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان يەھۇدىي ئۆرپ – ئادىتىنىڭ ئۆزگەرمەس ۋە مۇقىم دىنىي يول ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. يەھۇدىي ئالىم ئىسرائىل مېئىر(37) ئۆزىنىڭ چوڭ فىقھ ئەسىرى «مىشناھ بۇرۇراھ»(38)دا ئايالنىڭ باش يېپىش مەجبۇرىيىتى يەھۇدىي فىقھىسىدا جەمئىيەت ئۆرپ – ئادەتلىرىگە باغلىق ئەمەس، بەلكى جەمئىيەتنىڭ تەبىئىتى ۋە ئۆزگىرىشىگە تەسىر قىلمايدىغان ئىپپەت – نومۇسنىڭ ئوبيېكتىپ ئۆلچەملىرىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى بېكىتكەن(39).

يەھۇدىي ئالىم مايېر شىللېر ھېچقانداق «پوسقىم / פוסקים (يېڭى مەسىلىلەردە ئىجتىھاد قىلغۇچى فەقىھ)»نىڭ ئۆرپ – ئادەتنىڭ ئۆزگىرىشى ئايالنىڭ چېچىنى ئېچىشىغا رۇخسەت قىلىشقا ئېلىپ بارالايدۇ دېمىگەنلىكىنى نەقىل قىلغان(40).

يەھۇدىي فەقىھ مۇسا ئىبنى مەيمۇن تەلمۇدنىڭ ئايالنى چېچىنى ئېچىشتىن توسقان بۇ ھۆكمىنىڭ تەۋراتنىڭ ئۆز تېكىستلىرىگە ئاساسلانغانلىقىنى تەكىتلىگەن مۇھىم كىشىلەردىن بىرى. ئۇ بۇنى: «ئەگەر (ئايال) بۇ ئىشلاردىن بىرىنى بۇزسا، مۇسا شەرىئىتىنى بۇزغان ھېسابلىنىدۇ: چېچى ئوچۇق ھالدا كوچىغا چىقىش. يەھۇدىي ئۆرپ – ئادىتى دېگەن نېمە؟ ئۇ ئىسرائىل قىزلىرى ئادەتلەنگەن ئىپپەت – نومۇس بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئۆرپ – ئادەت. ئەگەر بۇلاردىن بىرىنى بۇزسا، يەھۇدىي ئۆرپ – ئادىتىنى بۇزغان بولىدۇ: باشقا ئاياللارنىڭ قىلغىنىدەك ياغلىق ئارتسىمۇ، بېشى ئوچۇق ھالدا كوچا ياكى ئوچۇق يولغا چىقىش» دەپ چۈشەندۈرگەن(41).

يەھۇدىي فۇقەھائلىرىنىڭ نەزەرىدە ھىجاب يەھۇدىي ئايالنى باشقىلاردىن پەرقلەندۈرىدىغان، ئالاھىدە ۋە يۇقىرى ئەخلاقىي يول بىلەن ئۇنى ئۆزگىچە قىلىدىغان خاس ئالامەت ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، فىلنا گائون Vilna Gaon «گېمارا The Gemara»غا شەرھىسىدە: «ئىسرائىل قىزلىرىنىڭ بېشى ئوچۇق ھالدا كوچىدا مېڭىشى ئۇلارنىڭ يولى ئەمەس» دېگەن(42).

ھىجاب يەھۇدىي ئايالنى بۇتپەرەس ئايالدىن پەرقلەندۈرىدىغان بەلگىلەردىن بىرى دەپ قارالغان. ھەتتا چۆل – باياۋاندىكى «سان» كىتابىنىڭ مىدراشىدا (9: 16) پەقەت بۇتپەرەس ئاياللارنىڭلا بېشى ئوچۇق ھالدا چىقىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. بۇ ئوچۇق يۈرۈشنى قاتتىق ئەيىبلەش ۋە ئۇنى قەبىھ بۇتپەرەسلىك ئىبادەتلىرى بىلەن باغلاشتۇر!

ھىجاب ئىپپەت – نومۇسنىڭ بەلگىسى

دوكتور مەناخېم م. برايېر(43) ئۆزىنىڭ «رىببىيلەر ئەدەبىياتىدىكى يەھۇدىي ئاياللار» ناملىق كىتابىدا: «يەھۇدىي ئاياللار باشلىرىنى يېپىپ چىقاتتى، بەزىدە يۈزلىرىنىڭ بىر كۆزدىن باشقا ھەممە يېرىنى يېپىۋالاتتى» دېگەن(44). ئۇ بۇنى تەلمۇدتىكى (Shabbath 80a) تېكىستكە ئاساسلانغان. بۇ تېكىستتە ئاياللارنىڭ زىننەت ئىشلىتىشى ھەققىدە يەھۇدىي ئالىم راۋ ھۇنا Rav Huna: «تەقۋادار ئايال بىر كۆزىگىلا سۈرمە تارتىدۇ צנועות כוחלות עין אחת» دېگەن.

تەلمۇدنىڭ يۇقىرىقى ئورنىدا يەھۇدىي ئالىم سامۇئېل שמואל ۋە يەھۇدىي ئالىم ناخمانى נחמני «پەقەت كىچىك يېزىلاردىكى ئاياللارنىڭلا زىننەتلىنىش ئۈچۈن ئىككى كۆزىگە سۈرمە تارتىشىغا بولىدۇ» دەپ قارىغان. ئۇلار كىچىك يېزىلاردا ئازدۇرۇلۇش خەۋپى كىچىك دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دېگەنگە ئوخشايدۇ.

پەقەت بىر كۆزگە زىننەت ئىشلىتىش ھەققىدىكى سۆزدىن بۇ تېكىستنىڭ ئايالنىڭ چۈمبەل ئارتىش پەرزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ئېنىق كۆرۈنىدۇ. نۇرغۇن مۇھاكىمەچىلەرمۇ بۇ تېكىستنى شۇنداق چۈشەنگەن(45).

قىمخىت קמחית ئىسىملىك بىر ئايال يەھۇدىي دىنىي يازمىلىرىدا ئىپپەت – نومۇس ۋە يۇقىرى ئەخلاقىي مەجبۇرىيەتنىڭ سىمۋولى بولۇپ قالغان. تەلمۇدتا ئۇنىڭدىن نېمە ئۈچۈن يەتتە ئوغلىنىڭ باش روھانىي بولۇشقا مۇيەسسەر بولغانلىقى ھەققىدە سورالغاندا: «ئۆمرۈمدە ئۆيۈمنىڭ تاملىرى چېچىمنىڭ ئۆرۈمىنى كۆرۈپ باقمىغان מימי לא ראו קורות ביתי קלעי שערי» دەپ جاۋاب بەرگەنلىكى بايان قىلىنغان (Yoma 47a).

يەھۇدىي ئايالنىڭ چېچىنى، ھەتتا پۈتۈن بەدىنىنى يېپىشى نۇرغۇن يەھۇدىي فىقھىشۇناسلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقان، چۈنكى بۇ يەھۇدىي ئايالدا بولۇشى كېرەك بولغان ئىپپەت – نومۇس خىسلىتى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق. ھەتتا دانىيال ئەلقۇمىسىي(46) ھاخامىي يەھۇدىيلىرىنى(47) يەھۇدىي ئاياللارنىڭ يەھۇدىي ئەمەسلەرگە يۈزىنى ئېچىشىغا رۇخسەت قىلغانلىقى ئۈچۈن قاتتىق تەنقىد قىلغان(48).

تۇرمۇشلۇق ئايالغا ھىجاب

داڭلىق يەھۇدىي فەقىھ يۈسۈف قارونىڭ(49) «شۇلخان ئارۇخ שולחן ערוך»(50) كىتابىدا: «تۇرمۇشلۇق ئاياللار ھەر ۋاقىت بېشىنى يېپىشى كېرەك، ئەمما تۇرمۇشلۇق بولمىغانلارغا بۇ قانۇن تەتبىقلانمايدۇ» دېيىلگەن(51).

تەلمۇدتا باش يېپىش قائىدىلىرى مۇنداق بايان قىلىنغان: «ئەرلەر بەزىدە بېشىنى ياپىدۇ، بەزىدە ئاچىدۇ، ئەمما ئايال كىشىلەر ھەمىشە بېشىنى ياپىدۇ، كىچىك قىزلار پۈتۈنلەي بېشىنى ياپمايدۇ» (Nedarim 30b)(52). شۇڭا، كۆپچىلىك يەھۇدىي فۇقەھائ‍: «قىز – چوكانلارغا ئەمەس، پەقەت تۇرمۇشلۇق ئاياللارنىڭلا ھىجاب كىيىشىنى لازىم» دەپ قارىغان. بۇ بەلكىم يەھۇدىيلەرنىڭ بالدۇر توي قىلىش ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى قىز – چوكانلارنىڭ كۆپىنچىسى تېخى بالاغەتكە يەتمىگەن ياكى بالاغەتكە يەتكىنىگە كۆپ يىل بولمىغان كىچىك ياشتىكىلەردۇر.

بۇنىڭغا قارشى يۆنىلىشتە بەزى ئاتاقلىق يەھۇدىي فۇقەھائ‍ تۇرمۇشلۇق بولمىغان ئاياللارنىڭمۇ بېشىنى يېپىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. باخ Bach: «بۇ تەھرىمنىڭ مەنبەسى ‹ئىسرائىل قىزلىرى چېچى ئوچۇق ھالدا چىقماسلىقى كېرەك› دېگەن ئابزاس، بۇ ئابزاس سۆزنى پەقەت تۇرمۇشلۇق ئاياللارغىلا چەكلىمىگەن، شۇڭا تۇرمۇشلۇق ۋە تۇرمۇشلۇق بولمىغان ئاياللار بۇ ھۆكۈمگە كىرىدۇ» دەپ يازغان(53).

يەھۇدىي فەقىھ مۇسا ئىبنى مەيمۇن باخنىڭ قاتتىق تۇتۇمىغا قوشۇلغان. ئۇ تەۋرات شەرىئىتى ھەققىدىكى كىتابىدا: «ئىسرائىل قىزلىرى مەيلى تۇرمۇشلۇق ياكى تۇرمۇشلۇق بولمىسۇن، بېشى ئوچۇق ھالدا بازارغا چىقماسلىقى كېرەك» دېگەن(54).

ياسىما چاچنى ھىجاب سۈپىتىدە ئىشلىتىش

يەھۇدىي فىقھىشۇناسلىرى ئايالنىڭ بېشىنى يېپىش پەرزلىكىدە بىردەك بولسىمۇ، بۇ ئىشنىڭ تەپسىلاتلىرىدا ئىختىلاپ قىلىشقان. ئۇلار ئارىسىدا ياسىما چاچنى ھىجاب سۈپىتىدە ئىشلىتىش ھەققىدە بۈگۈنگىچە داۋاملىشىۋاتقان ئۇزۇن مۇنازىرىلەر يۈز بەرگەن.

تەلمۇدتا رىببىي راۋنىڭ(55): «ئالىملار كوچىغا چىقىشنى چەكلىگەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ھويلىغا چىقىشتىمۇ چەكلىنىدۇ، پەقەت چاچ تورى (hair-net)) ۋە ياسىما چاچ بۇنىڭدىن مۇستەسنا כל שאסרו חכמים לצאת בו לרה”ר אסור לצאת בו לחצר חוץ מכבול ופאה נכרית» (Shabbath 64b) دېگەنلىكى بايان قىلىنغان. تەلمۇد يەنە يەھۇدىي ئالىم ئانانى بىن ساسون(56)نىڭ بۇنىڭغا قوشۇلمىغانلىقىنى قوشۇمچە قىلغان. بۇ چاچنى يېپىش ئۈچۈن ياسىما چاچ ئىشلىتىشنىڭ قانۇنلۇقلۇقى ھەققىدىكى دەسلەپكى تالاش – تارتىشنى كۆرسىتىدۇ، ئۇنىڭدىن بۇرۇن، بۇ چاچنى يېپىشنىڭ ۋاجىبلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

بەزى يەھۇدىي فىقھىشۇناسلىرى ئايالنىڭ چېچىنى يېپىش ئۈچۈن ياسىما چاچ كىيىشىنىڭ مۇتلەق جائىزلىقىنى ئېيتقان. باشقىلىرى ياسىما چاچنىڭ پەقەت ئاياللارنىڭ ياسىما چاچ كىيىشى ئۆرپ – ئادەت بولغان دۆلەتلەردىلا جائىز بولىدىغانلىقىنى، ئەگەر بۇ ئادەت بولمىسا، ئايالنىڭ بېشىنى ياغلىق بىلەن يېپىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. كۆپچىلىك يەھۇدىي فۇقەھائ‍ ئەكسىچە چاچنى يېپىش ۋاسىتىسى سۈپىتىدە ياسىما چاچ كىيىشنىڭ قانۇنلۇق ئەمەسلىكىنى ئېيتقان. بۇ قاراشتىكى داڭلىق كىشىلەردىن يەھۇدىي ئالىم يائاكوۋ ئەمدەن Ya’akov Emden، يەھۇدىي ئالىم فىلنا گائون Vilna Gaon، يەھۇدىي ئالىم شلومو كلۇگېر Shlomo Kluger، ماھاراز خايوت Maharaz Hayot، خاتام سوفېر Chatam Sofer، زانزار راۋ Zanzar Rav ۋە ماھارشام Maharsham قاتارلىقلار بار. ھەتتا يەھۇدىي ئالىم ئوۋاديا يۈسۈف Ovadiah Yosef: «كۆپ ساندىكى ئاھارونىم(57) (ياسىما چاچنى) ھارام دەيدىغاندەك تۇرىدۇ» دېگەن(58).

تويدا قىزنىڭ چېچىنى چۈشۈرۈۋېتىش

يەھۇدىي ئاياللارنىڭ توي مۇراسىمىدا چېچىنى تولۇق چۈشۈرۈۋېتىش ئادىتى ۋېنگرىيە، ئىسپانىيەنىڭ گالىتسىيە رايونى ۋە ئۇكرائىنادا كەڭ تارقالغان. ئۇلار چاچنى چۈشۈرۈۋەتكەندىن كېيىن بېشىنى ياغلىق بىلەن يېپىۋالىدۇ. بەزى ۋاقىتلاردا ئايال كىشىلەر شۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن ياسىما چاچ ئىشلىتىدىغان بولغان. بۇ ئادەت بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئىشغال قىلىنغان پەلەستىندىكى دىندار يەھۇدىي جەمئىيىتىدە داۋاملىشىۋاتىدۇ.

بەزى «پوسقىم / פוסקים (يېڭى مەسىلىلەردە ئىجتىھاد قىلغۇچى فەقىھ)»لەر توي قىزىنىڭ چېچىنى چۈشۈرۈۋېتىشىنى قاتتىق قوللىغان. ئۇلارنىڭ ئاساسلىق پاكىتى توي قىزى شۇنداق قىلىش ئارقىلىق چېچىنىڭ قىلچىمۇ كۆرۈنۈپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلالايدۇ. باشقىلار بۇ ئادەتكە قارشى چىققان، چۈنكى ئۇ ئايالنى توي كۈنى سەت كۆرۈنىدىغان قىلىپ قويىدۇ!(59)

بۇ (غەلىتە!) ئادەتتىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، يەھۇدىيلەر ئۆز فىقھىسىدا ئايالنىڭ چېچى ۋە ئۇنى يېپىش – ئېچىش مەسىلىسىگە قاتتىق ئېھتىيات قىلىدۇ. بۇ ئۇلارنى مۇشۇنداق بىر ئىنكار قىلغۇسىز يولغا باشلىغان!

ئايالىنىڭ چېچىنىڭ ئېچىلىشىغا رازى بولغان ئەر دەييۇس

تۇرمۇشلۇق ئايالنىڭ بېشىنى يېپىش ھۆكمى تەۋرات، نورمال يەھۇدىي ئۆرپ – ئادىتى ۋە يەھۇدىي ئايالنىڭ باشقىلاردىن پەرقلىنىشى ئۈچۈن تەلەپ قىلىنغان ئىپپەت – نومۇس بىلەن باغلىنىشلىق بولغاچقا، ئەر كىشىنىڭ ئايالىنىڭ كوچىدا چېچى ئوچۇق مېڭىشىغا رۇخسەت قىلىشى بۇ يەھۇدىينىڭ ئىمانىنىڭ ئاجىزلىقى ۋە مۇقەددەس كىتابلار ھەم رىببىيلەرنىڭ سۆزلىرىگە رىئايە قىلمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان ئەڭ سەت ۋە ئەخلاقسىز ئىشلاردىن سانالغان. شۇڭا، رىببىيلەر ئايالىنىڭ بېشى يېپىلمىغان ھالدا چىقىشىنى كۆرگەن كىشىنىڭ كافىر ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ ئايالىنى قويۇۋېتىشى كېرەكلىكىنى بېكىتكەن(60).

«زوھار»دا بۇ ھەقتە: «يەھۇدىي ئالىم خىزقىياھۇ: ‹ئايالىنىڭ چېچىنى ئېچىشىغا يول قويغان ھەر بىر ئەرگە لەنەت بولسۇن. بۇ ئائىلە ئىپپىتىنىڭ بىر قىسمى› دېدى» دەپ كەلگەن. بۇ ئايالنىڭ ئۆيدىن باشقا يەردە چېچىنى ئېچىشىغا رازى بولغان كىشىگە قارىتىلغان ئەڭ قاتتىق رەت قىلىش ۋە ئەيىبلەش ھېسابلىنىدۇ. يەھۇدىي ئالىم ئابراھام گومبىنېر(61) بۇ ھۆكۈمگە: «زوھار ئايالنىڭ چېچىدىن ھېچنېمىنىڭ كۆرۈنمەسلىكىنى قاتتىق تەكىتلىگەن، بۇ قوبۇل قىلىنغان ئۆرپ – ئادەتتۇر» دەپ ئىزاھات بەرگەن(62).

يۈزىنى ئېچىشنىڭ ئاخىرەتتىكى ئېغىر جازاسى

يۇقىرىقىلاردىن مەلۇم بولدىكى، كوچىدا چېچىنى ئېچىشقا رازى بولغان ئايال دۇنيادا گۇناھكار بولىدۇ ۋە قىلمىشى تۈپەيلىدىن ئېغىر گۇناھقا دۇچار بولىدۇ. شۈبھىسىزكى، دۇنيادىكى جازانىڭ كەينىدىن ئاخىرەتتىكى جازا كېلىدۇ(63). مىدراشلارنىڭ بىرىدە دوزاخنىڭ تۆتىنچى قەۋىتى ھەققىدە: «تۆتىنچى ئۆيگە كىرىپ ئەمچەكلىرىدىن ئېسىلغان ئاياللارنى كۆردى. ئۇنىڭ ئالدىدا: ‹سىرنى ئاشكارىلاپ، بۇ چوڭ پاجىئەنى چۈشەندۈرگىن› دېدى. ئۇ ئۇنىڭغا: ‹… بۇلار بازارلاردا بېشىنى ئاچقان ئاياللاردۇر…› دېدى» دەپ كەلگەن(64). شۈبھىسىزكى، بۇ جازا ئۇنىڭ مەنبەسىنىڭ ئىلاھىي ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلارنىڭ قەلبىدە ۋەھىمە پەيدا قىلىشقا يېتەرلىك. ئۇنىڭدىن ئاۋۋال، بۇ ئايالنىڭ ئۆيدىن باشقا يەردە چېچىنى ئېچىشىنىڭ قانچىلىك سەت ئىكەنلىكىنىڭ ئوچۇق دەلىلىدۇر!

يەھۇدىي تارىخىدىكى ھىجاب
مەريەم ئوغلى ئىيسا پەيغەمبەردىن بۇرۇنقى ھىجاب

ئىيسا پەيغەمبەردىن بۇرۇنقى يەھۇدىي ئاياللىرىنىڭ كىيىم – كېچىكى ھەققىدىكى ماتېرىياللار ئاز بولسىمۇ، مەۋجۇت پارچە ماتېرىياللارنى توپلاش ئارقىلىق يەھۇدىي ئاياللىرىنىڭ باش ۋە بەزىدە يۈزلىرىنى ياپىدىغانلىقىنى بىلەلەيمىز. «مۇقەددەس كىتابلارغا ئومۇمىي كىرىش A General Introduction to the Sacred Scriptures» دېگەن كىتابتا «ئىبرانىي ئاياللارنىڭ كىيىم – كېچىكى» دېگەن تېمىدا: «يەھۇدىي ۋە گرېك ئايال – قىزلىرى ياغلىقسىز ھەرگىز جامائەت سورۇنلىرىغا چىقمايتتى» دېيىلگەن. بۇ كىتاب ياغلىقنىڭ «تساما צמה»، «رىئالا רעלה» ۋە «צע» دېگەن ئىسىملىرى بارلىقىنى تىلغا ئالغان. يەنە: «قەدىمكى ئىبرانىي ھىجابى بەزىدە شۇنچىلىك چوڭ بولۇپ، پۈتۈن بەدەننى يېپىپ تۇراتتى» دەپ چۈشەندۈرگەن(65).

مەريەم ئوغلى ئىيسا پەيغەمبەر زامانىدىكى ۋە ئوتتۇرا ئەسىرلەردىكى ھىجاب

ئېدموند ستاپفېر Edmond Stapfer ئۆزىنىڭ ئىيسا پەيغەمبەر دەۋرىدىكى پەلەستىن ھەققىدىكى كىتابىدا، يەھۇدىي ئاياللىرىنىڭ بېشى تولۇق يېپىلغان ھالەتتىلا كوچىغا چىقىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن(66). «تىندال مۇقەددەس كىتاب لۇغىتى» پاۋلۇس زامانىدىكى يەھۇدىي ئاياللىرىنىڭ جامائەت سورۇنلىرىدا ھەمىشە بېشىنى يېپىپ يۈرىدىغانلىقىغا گۇۋاھلىق بەرگەن(67). كېيىنكى ئەسىردە (ئىككىنچى ئەسىر) خرىستىيان تېرتۇللىئاننىڭ گۇۋاھلىق بېرىشىچە، يەھۇدىي ئاياللىرى جامائەت سورۇنلىرىدا ھىجاب كىيىدىغانلىقى بىلەن تونۇلغان. ئۇ: «يەھۇدىيلەر ئارىسىدا ئاياللىرىنىڭ بېشى يېپىقلىق بولۇش ئادەتكە ئايلانغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تونۇلىدۇ Apud Iudaeos tam sollemne est feminis eorum uelamen capitis ut inde noscantur» دېگەن(68).

يەنە «تەۋرات دەۋرىدىكى يەھۇدىيلىك قامۇسى Dictionary of Judaism in the Biblical Period»نىڭ گۇۋاھلىق بېرىشىچە، مىلادىيە 70 – يىلى رىم ئىمپېراتورى ۋېسپاسىيان Vespasian تىتۇسنىڭ «يەھۇدىيە»نى ئىشغال قىلىشى ۋە «ئىبادەتخانىنى ۋەيران قىلىشى»نى تەبرىكلەپ چىقارغان «يەھۇدىيە بويسۇندۇرۇلدى تەڭگىلىرى Judaea Capta coins»مۇ ھىجابنىڭ «سىرتقى كىيىم – كېچەكنىڭ بىر قىسمى» ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىكەن(69).

yehudilikte hijab

يەھۇدىي ئالىم راشى ئۆز زامانىدىكى يەھۇدىي ئاياللىرى ھەققىدە: «ئىسرائىل ئاياللىرى ئەرەب دۆلەتلىرىدە چۈمبەللىك ھالەتتە سىرتقا چىقىدۇ، ھىندىستاندىكى يەھۇدىي ئاياللىرى بولسا چاپان كىيىپ، ئۇنى ئېغىزلىرى بىلەن چىڭ تۇتۇپ چىقىدۇ» دېگەن(70).

تاننائىت دەۋرىدە(71) بېشىنى ئاچقان ئايال ئۆز ئىپپىتىگە ھاقارەت قىلغان ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر باش ياپقۇچسىز چىقسا، بۇ جىنايەت ئۈچۈن تۆت يۈز زۇزىم جەرىمانە تۆلەيدۇ(72).

«قاھىرە گېنىزا قوليازمىلىرى Cairo Genizah Manuscripts» بىزگە تەمىنلىگەن ماتېرىياللار ئارقىلىق يەھۇدىي ئاياللىرىنىڭ 11 – ئەسىردە (ھېچ بولمىغاندا بەزىدە) يۈزىنى ياپىدىغانلىقىنى ئېيتالايمىز. گويتىننىڭ دېيىشىچە، پەلەستىندىكى بىر ئەلقارائىن يەھۇدىيسىنىڭ م. 1028 – يىلى 26 – يانۋاردا تۈزگەن توي كېلىشىمىدە ئايالنىڭ ئېرىنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كەلگەن نەرسىلىرى ئارىسىدا بىرقانچە ياغلىق، يۈز ياپقۇچ ۋە يەرگە تېگىدىغان ئۇزۇن كىيىملەر بار ئىكەن. فۇستات (كونا قاھىرە) تىكى بىر ھاخامنىڭ توي كېلىشىمىدىمۇ «ياغلىق» كېلىشىمدە تىلغا ئېلىنغان نەرسىلەرنىڭ بىرى بولغان(73).

يەھۇدىي ئالىم سامۇئېل ھېرزفېلد(74) ئوتتۇرا ئەسىرلەردىكى ئەھۋالنى مۇنداق خۇلاسىلىگەن: «ئوتتۇرا ئەسىرلەردە ئايال – قىزلار 12 – ئەسىرنىڭ قىسقا بىر مەزگىلىدىن باشقا ۋاقىتلاردا ئۆي ئىچى – سىرتىدا ھەر ۋاقىت چاچلىرىنىڭ بىر قىسمىنى يېپىپ يۈرەتتى. ئۇلارنىڭ سىرتتا ماڭغاندا بېشىنى ئېچىشى ناھايىتى سەت ئىش دەپ قارىلاتتى»(75).

ھازىرقى زاماندىكى ھىجاب

«ئوكسفورد يەھۇدىيلىك قامۇسى The Oxford Dictionary of the Jewish Religion»: «زامانىمىزدا تۇرمۇشلۇق ئورتودوكس(76) ئاياللار جامائەت سورۇنلىرىدا بېشىغا ياسىما چاچ ياكى ياغلىق ئارتىدۇ. ھاسىدىي(77) جامائەتلىرىدە ئاياللار توي قىلىشتىن ئىلگىرى چېچىنى چۈشۈرۈۋېتىدۇ ۋە ياغلىق ئارتىدۇ. يەمەندە تېخى تۇرمۇشلۇق بولمىغان قىزلارمۇ بېشىنى يېپىپ يۈرىدۇ» دەيدۇ(78).

يەھۇدىي ئالىم مايېر شىللېر Mayer Schiller بۈگۈنكى يەھۇدىي ئاياللىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ، بەزى يەھۇدىي ئاياللىرىنىڭ ياسىما چاچ كىيىشنى رەت قىلىپ چاچنى تولۇق شال بىلەن يېپىش كېرەك دەپ قارايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ۋېنگرىيەلىك يەھۇدىي ئاياللار ئارىسىدا كۆپ كۆرۈلىدىغان ئەھۋال ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان. بەزىلىرى بېشىغا شال يېپىپ، باشنىڭ ئالدى تەرىپىگە ھەقىقىي چاچ ئەمەسلىكى بىلىنىپ تۇرىدىغان ياسىما چاچ قويىدۇ، بۇ ئۇكرائىنادىكى يەھۇدىي ھاخام ئائىلىلىرىنىڭ يولى بولۇپ، يەھۇدىي ئالىم يائاكوۋ ئەمدەن قاتارلىق بەزى رىببىيلەر بۇنىڭغا رۇخسەت قىلغان. بەزىلىرى ياسىما چاچنىڭ ئۈستىگە قالپاق كىيىدۇ. يەنە بەزىلىرى پولشا ۋە لىتۋادىكى ھاسىدىي يەھۇدىي ئاياللىرىغا ئوخشاش بېشىنى ياپىدۇ، بۇ گېرمانىيە يەھۇدىي ئاياللىرىنىڭمۇ ئادىتىدۇر(79).

1908 – يىلى نەشر قىلىنغان مەشھۇر «مۇقەددەس كىتاب لۇغىتى»نىڭ مۇقاۋىسىدا ئەھلى كىتابنىڭ بۇرۇنقى ھالىتىنى كۆرسىتىدىغان قولدا سىزىلغان رەسىملەر بار (نىقاب ۋە باش ياپقۇچقا دىققەت قىلىڭ!)

yehudi ayalliri

 

دوكتور سامىي ئامىرىي

ھىجاب ئىسلام، يەھۇدىيلىك ۋە خرىستىيانلىقتا ئاللاھنىڭ شەرىئىتى

ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى تەرجىمەسى


1. ئۆزى ئاتېئىست تۇرۇقلۇق يەھۇدىي دۆلەت قۇرۇشقا چاقىرغان دەۋرىمىزدىكى زىيونىست رەھبەر تېئودور ھېرتزل (م. 1860 – 1904) بۇنىڭ تىپىك مىساللىرىدىن بىرىدۇر.
2. مىدراش (ئىبرانىيچە: מדרש): لۇغەتتە ئىزدىنىش ۋە تەتقىق قىلىش مەنىسىدە بولۇپ، ئىستىلاھتا: يەھۇدىي ئالىملارنىڭ نەسلەرنى بىر- بىرىگە باغلاپ چۈشىنىشنى ئاساس قىلغان، ھەرپىي چۈشىنىشتىن يىراق، ئىشارىي ياكى سېلىشتۇرما مېتودغا تايانغان تەفسىرلىرى مەجمۇئەسى ياكى شۇ مېتودنى كۆرسىتىدۇ.
3. R. j. Zwi Werblowsky and Geoffrey Wigoder, eds. The Oxford Dictionary of the Jewish Religion, New York: Oxford University Press, 1997, 177.
4. Dina Coopersmith, ‘Beneath the Surface: A Deeper Look at Modesty,’ in Sarah Tikvah Kornbluth and Doron Kornbluth, eds., Jewish Women Speak About Jewish Matters, MI: Targum Press, 2000, 56.
5. تەسنىيە (سفر التثنية أو سفر تثنية الاشتراع/Book of Deuteronomy): ئەرەبچە: «ئىككى پارچىدىن تەشكىل تاپقان» دېمەكتۇر. ئىبرانىيچە ئىسمى «دەۋارىم (سۆزلەر)» بولۇپ، ئاساسلىق «ئون پەرھىز»نىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى تەكرار ئۇرغۇلانغان ۋە يەھۇدىي قانۇنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، «تاناھ» ۋە «قەدىم ئەھد»نىڭ دەسلەپكى بەش كىتابى بولغان «تەۋرات»نىڭ 34 بابتىن تەشكىل تاپقان 5 – كىتابىدۇر. – ت.
6. رىببىي ياكى رابىي: يەھۇدىيلىكتە شەرىئەتنى ۋە تاناخنى ياخشى بىلىدىغان يەھۇدىي ئۆلىماسى، دىن مۇئەللىمى. – ت.
7. Menachaem M. Brayer, The Jewish Woman in Rabbinic Literature: A psychological Perspective, Hoboken, N.J: Ktav Publishing House, 1986, p.139.
8. «قەدىم ئەھد» (العَهدُ القَدِيم/The Old Testament): خرىستىيانلاردىكى «مۇقەددەس كىتاب» (The Bible) نىڭ بىرىنچى قىسمى بولۇپ، خرىستىيانلار يەھۇدىيلەرنىڭ مۇقەددەس كىتابىغا ئىشارە قىلىپ قوللىنىدىغان ئاتالغۇدۇر. «قەدىم ئەھد» مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ «تەكۋىن»، «چىقىش»، «لەۋىيلەر»، «سان» ۋە «تەسنىيە» قاتارلىق بەش كىتابى بولمىش «تەۋرات» بىلەن مۇسا ئەلەيھىسسالامدىن كېيىنكى ۋەقەلىكلەر بايان قىلىنغان پەيغەمبەرلەرنىڭ رىسالەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. (ئادەتتە بۇلارنىڭ ھەممىسىگە «تەۋرات» دېيىش ئومۇملىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، «تەۋرات» بۇنىڭ پەقەت ئۈچتىن بىرىنىلا تەشكىل قىلىدۇ. «قەدىم ئەھد»نىڭ جىمى قىسمى ئىبرانىيچە بولماستىن، بەزى سەھىپىلىرى ئارامىيچەدۇر) قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 1164 – بەت، پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى، رىياد، م. 2017. – ت.
9. كىتابنىڭ قالغان قىسمىدا سۆز ھىجاب مەنىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىق جەھەتتىن باشنى يۆگەشكە مەركەزلەشتۈرۈلىدۇ. چۈنكى، باشنى يۆگەش يەھۇدىيلىق بىلەن خرىستىيانلىقتا پۈتۈن بەدەننى ياكى قول بىلەن ئالىقاندىن باشقا بەدەننىڭ كۆپ قىسمىنى يۆگەش بىلەن باغلىنىپ كېلىدۇ.
10. Encyclopaedia Judaica, New York: Peter Publishing House, 1971 ,16/84.
11. James Orr, eds. The International Standard Bible Encyclopaedia, Chicago: Howard Severance Company, 1915, 5/3047.
12. Franz Delitzch, A New Commentary on Genesis, tr. Sophia Taylor, New York: Scribner & Welford, 1889, 2/115.
13. Joseph Addison Alexander, Commentary on Isaiah, MI: Kregel Publications, 1992, 197.
14. يۇقىرىقى مەنبە.
15. تادرۇس يەئقۇب مالتىي: «يەشايا»:. بۇرۇنقى كاتتىلارنىڭ تەئەممۇلات ۋە تەفسىرلىرىدىن ئاتلىق مەجمۇئە، ئېلىكترونلۇق نۇسخا.
16. Joseph Addison Alexander, op. cit., p.197.
17. Franz Delitzsch, Biblical Commentary on the Prophecies of Isaiah, tr. Samuel Rolles Driver, Edinburgh: T. & T. Clark, 1892, 1/131-132.
18. ئوتتو كايزېر: م. 1924 – يىلى تۇغۇلغان، قەدىم ئەھد ۋە يېڭى دەۋر پەلسەپەسى تەتقىقاتىدا مۇتەخەسسىس مۇھاكىمىچى. «ماربورغ ئۇنىۋېرسىتېتى»دا قەدىم ئەھد تەتقىقاتىنىڭ بېشى. قەدىم ئەھد لاھۇتى ۋە ئۇنىڭ كىتابلىرىنى شەرھلەپ زور ھەجىملىك ئەسەرلەرنى يازغان.
19. Otto Kaiser, Isaiah 1-12: A Commentary, Philadelphia: Westminster John Knox Press, 2nd edition, 1983, p.80.
20. The Oxford Dictionary of the Jewish Religion , p.180.
21. كاتولىكلەرنىڭ مۇقەددەس كىتابىدىكى «دانىيال كىتابى» 12 بۆلۈمدىن كېيىن ئىككى بۆلۈمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، بۇ شەرق كاتولىك چېركاۋلىرىمۇ مۇقەددەس دەپ قارايدىغان قوشۇمچەدۇر. ئورۈجېنېس Origenes بۇنىڭ قانۇنلۇقلىقىنى «Epistola ad Africanum» ئاتلىق كىتابىدا قوغدىغان. تېرتۇللىئان Tertullian مۇ «De corona» ئاتلىق كىتابىدا ئۇنى ۋەھىي تېكىستى سۈپىتىدە دەلىل كەلتۈرگەن. ئىيرانىيوس Irenaeus مۇ «Contra haereses» ئاتلىق كىتابىدا ئۇنىڭدىن ئىقتىباس ئالغان. قاراڭ:

R. H. Charles, The Apocrypha and Pseudepigrapha of the Old Testament, CA: Apocryphile Press, 2004, 1/645.
22. راشىي: ھەقىقىي ئىسمى سالامۇن يتىسھاقىي. שלמה יצחקי تەلمۇدقا كېڭەيتىلگەن تۇنجى تەفسىرنى يازغان فرانسىيەلىك يەھۇدىي ئالىم. قەدىم ئەھدكىمۇ كېڭەيتىلگەن تەفسىر يازغان. ئۇنىڭ تەلمۇدقا ۋە قەدىم ئەھدكە يازغان شەرھى يەھۇدىي ئالىملىرى نەزەرىدە ئۇ ئىككى كىتابقا كېيىنچە يېزىلغان شەرھلەرنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى دەپ قارىلىدۇ.
23. Yehuda Henkin, Responsa on Contemporary Jewish Women’s Issues, New Jersey: KTAV Publishing House, 2003 , p.131.
24. فىلنا گائون Vilna Gaon: ھەقىقىي ئىسمى ئىيلىيا بىن سالامۇن زەلمان אליהו בן שלמה זלמן‎ (م. 1720 – 1797). تەلمۇدقا ۋە شەرىئەتكە ئالاقىدار تەتقىقاتلاردا كۆزگە كۆرۈنگەن يەھۇدىي ئالىم. ئۇ كېيىنكى دەۋرلەردە كەلگەن بولسىمۇ ئىلمىي قۇۋۋىتى ۋە ئالاھىدىلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇنى ئوتتۇرا ئەسىر دىن ئالىملىرى قاتارىدىن سانىغانلارمۇ بولغان.
25. M. Schiller, “The Obligation of Married Women to Cover their Hair,’ in The Journal of Halacha, 30 (1995), 85.
26. Philip Schaff ed., A Dictionary of the Bible, Philadelphia: American Sunday-school Union, 1881, 2nd edition, p.312.
27. M. Schiller, op. cit.,104-108.
28. G. Ellinson, Women and Mitzvot: The Modest Way, A Guide to the Rabbinic Sources, Jerusalem: Feldheim Publishers, 1992, p.121.

سېفاردىم يەھۇدىيلىرى ئارىسىدا چاچنىڭ ئازراق قىسمىنى ئېچىشقا بولىدۇ دېگەن قاراش كەڭ تارقالغان. ئامېرىكا يەھۇدىيلىرىنىڭ نوپۇزلۇق دىنىي ئاپتورىتېتلىرىدىن بولغان يەھۇدىي ئالىم موشې فېينشتېين Moshe Feinstein چاچنىڭ ئالدى قىسمىدىن ئىككى بارماق مىقدارىنى ئېچىشقا بولىدۇ دەپ قارىغان. قاراڭ: يۇقىرىقى مەنبە 122 – 123 – بەتلەر.
29. Saul J. Berman, Kol Isha, New York: Ktav Publishing House, 1980, p.56.
30. R. Menahem b. Benjamin Recanati, Sefer Recanati (Pietrokov, 1894), sec.26 (Quoted by, Shmuel Herzfeld, Searching for Sources of the Zohar: A Woman’s Headcovering)

Online article: http://www.rabbishmuel.com/files/jewish_customs20.haircovering.doc (11/27/2009)
31. راۋاد پوسكۇيرېس Ravad of Posquires (م. 1120 – 1197): ئۆز زامانىدىكى تونۇلغان يەھۇدىي پەيلاسوپ ۋە فىقھشۇناس. مىشناھ ۋە تەلمۇد تەتقىقاتلىرى بىلەن تونۇلغان.
32. Cited in Hiddushei ha-Rashba, Berakhot, ed. N. M. Karbits, Jerusalem, 1979 (Quoted by, Shmuel Herzfeld, op. cit.)
33. ئىبرانىيچە «ئەمانىڭ ئارقىسى» دېگەن مەنىدە بولۇپ، بۇ يەھۇدىي قانۇنىدىكى 613 ھۆكۈمنىڭ بىرىدۇر. ئۇنىڭ ئەسلى «لەۋىيلەر»: 19: 14 تىكى: «ئەمانىڭ يولىغا پۇتلىشىدىغان نەرسە قويمىغىن» دېگەن كۆرسەتمىدۇر.
34. بۇ قاراشنى تۇتقان ئىسىملار ئۈچۈن قاراڭ:

Weiner, Glory (Hebrew Section) p.1. (Quoted by. M. Schiller, op. cit. p. 93.)
35. نىكاھ خېتى كەتۇبە כתובה: يەھۇدىيلىكتە دىنىي نىكاھتا ئەر ئايالىغا قارىتا بىرقانچە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ ئىمزالايدىغان نىكاھ ھۆججىتىدۇر. (بۇ يەردە ئىددەت نەپىقەسى كۆزدە تۇتۇلغان.)
36. G. Ellinson, op. cit., p.121.
37. ئىسرائىل مېئىر Yisrael Meir Kagan (م. 1838 – 1933): شەرقىي ياۋروپالىق، يەھۇدىيلىك ھاياتقا تەسىرى كۈچلۈك، يەھۇدىي ئالىم.
38. «مىشناھ بۇرۇراھ / משנה ברורה ئېنىق تەلىم»: يەئقۇب بىن ئاشىر توپلىغان ئەھكاملارغا ھاشىيە بولۇپ، «ئاھارونىم» (م. 16 – ئەسىردىن كېيىنكى يەھۇدىي ئالىملار)نىڭ سۆزلىرىنى ئىخچاملىغان 6 جىلدتا نەشر قىلىنغان فىقھ كىتابىدۇر.
39. Mishnah Berurah 75/10-14 (Quoted by, M. Schiller, op. cit., p. 101).
40. M. Schiller, op. cit., p.97.
41. Mishneh Torah , Ishut 24/11,12 (Quoted by, M. Schiller, op. cit., p. 91).
42. M. Schiller, op. cit., pp. 85-86.
43. مەناخېم م. برايېر Menachem M. Brayer (م. 1922 – 2007): ئامېرىكىلىق خاخام. يېشىۋا (Yeshiva) ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەۋرات ئەدەبىياتى پروفېسسورى.
44. Menachem M. Brayer, op. cit., p.239.
45. مىسال ئۈچۈن قاراڭ:

Fred Rosner, Encyclopedia of Medicine in the Bible and the Talmud, N.J.: Rowman & Littlefield, 2000, p123.
46. دانىيال ئەلقۇمىسىي דניאל אלקומיסי Daniel al-Kumisi: تەبەرىستاننىڭ داماغانغا تەۋە قۇمىس يېزىسىدا تۇغۇلۇپ، قۇدۇستا م. 946 – يىلى ۋاپات بولغان. يەھۇدىيلەرنىڭ «ئەلقۇررائىن» تائىپىسىنىڭ پېشىۋالىرىدىن. م. 10 ئەسىردىن باشلاپ ئىبرانىيچە ئەسەرلەرنى يازغانلىقى سەۋەبلىك نامى پۇر كەتكەن. تەۋراتنى ھەرپىيەن ئىزاھلاشتا چىڭ تۇرغانلىقى بىلەن تونۇلغان.
47. رەببانىي يەھۇدىيلىك Rabbinic Judaism دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يەھۇدىيلىكتىكى ئاساسىي تارماقلاردىن بىرى. م. 70 – يىلدىن كېيىن تەرققىي قىلغان. ئىشى تەلمۇدنى تەتقىق قىلىش، ئۇنىڭدىكى شەرئىي ۋە فىقھىي مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىشقا مەركەزلەشكەن.
48. Salo Wittmayer Baron, A Social and Religious History of the Jews, New York: Columbia University Press, 1967, 4th printing, 3/299.
49. يۈسۈف قارو Joseph Karo (م. 1488 – 1575): مۇسا ئىبنى مەيمۇندىن قالسا تەلمۇدچى يەھۇدىيلەرنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇقى ھېسابلىنىدۇ.
50. The Shulchan Aruch  (تاماق بار داستىخان): تەلمۇد قانۇنلىرىنىڭ ۋە ئۇنى كۆرگەن يەھۇد فۇقاھائلىرىنىڭ قاراشلىرىنىڭ ۋە ئىجتىھادلىرىنىڭ توپلىمىسى. م. 1564 – يىلى ئوتتۇرىغا چىققاندىن بېرى يەھۇدىيلەر ئۈچۈن ئاساسلىق شەرئىي مەنبە ھېسابلىنىدۇ.
51. Shulchan Aruch, Orach Chayim, 2/75.

(بۇنى خاخام روفائىل ئەلبەرمۇسىي «تەلمۇدقا تايانغان يەھۇدىيلىك تۇرمۇش» ناملىق كىتابىدا نەقىل قىلغان. نوبار نەشرىياتى، م. 2003، 61 – بەت.
52. Gillian Beattie, Women and Marriage in Paul and his Early Interpreters, New York: Continuum International Publishing Group, 2005, p.44.
53. Bach (Even Haezer 21) (Quoted by, M. Schiller, op. cit., p.100).
54. Maimonides, 21/17.
55. رىببىي راۋ ئابا بار ئايبو אבא בר איבו Rav Abba bar Aybo (م. 175 – 247): «ئابا ئارىكا» ۋە «رىببىي» دەپمۇ تونۇلغان. تەلمۇد فۇقەھائلىرىنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇقى. ئۇنىڭ شاگىرتى ناهاردىيا سامۇئېلى Samuel of Nehardea بىلەن ئېلىپ بارغان مۇزاكىرىلىرى بابىل تەلمۇدىنىڭ ئاساسىنى شەكىللەندۈرگەن.
56. ئانانى بىن ساسون ענני בר ששון Anani ben Sason: «ئانانىل» دوپمۇ تونۇلغان. مىلادىيە 3 – ئەسىردە ئۆتكەن تەلمۇد ئالىمى.
57. «ئاھارونىم אחרונים» ئىبرانىيچە «كېيىنكىلەر» دېگەن مەنىدە. ئىستىلاھتا: م. 16 – ئەسىردىن بۈگۈنگە قەدەر ياشىغان يەھۇدىي ئالىملارنى كۆرسىتىدۇ.
58. M. Schiller, op. cit., pp. 98-99.
59. يۇقىرىقى مەنبە: 101 -، 102 – بەتلەر.
60. Alvin Shmidt, op. cit, p.133.
61. أبراهام جومبينر אברהם גומבינר Avraham Gombiner (م. 1633 – 1683): يەھۇدىي تەلمۇد ئالىمى. پولشادا تۇغۇلغان. «Magen Avraham» ئاتلىق فىقھ كىتابى بىلەن تونۇلغان.
62. Magen Avraham, Orah Hayyim 75/2 (Quoted by, G. Ellinson, op. cit., p.158.
63. مۇقەددەس كىتابلاردىكى يەھۇدىيلىك ۋە يەھۇدىي ئالىملارنىڭ ئاخىرەت، ساۋاب ۋە جازا ھەققىدىكى يازمىلىرىدا قولاشماسلىق ۋە زىتلىق بار. بىز بۇ يەردە تېكىستلارنى مۇۋاپىقلاشتۇرماقچى ياكى بىر قاراشنى تەرجىھ قىلماقچى ئەمەس. يەھۇدىيلەرنىڭ تېكىستلىرىدىن پاكىت كەلتۈرۈپ، سۆزلۈكلىرىنىڭ مەنالىرىنى كونتېكىستىغا يارىشا ئىزاھلىساقلا يېتەرلىك.
64. Shmuel Herzfeld, op. cit.
65. Joseph Dixon, A General Introduction to the sacred Scriptures, Baltimore: John Murphy and Company, 1853, 2/163.
66. Edmond Stapfer, La Palestine au temps de Jésus-Christ d’apres le Nouveau Testament, l’historien Flavius Joséphe et les Talmuds , Paris: Librairie Fischbacher, 1892, p.149.
67. Walter A. Elwell and Philip W. Confort, Tyndale Bible Dictionary, Ill: : Tyndale House Publishers,1001, p. 328.
68. Tertullian, ‘De Corona,’ in the Ante-Nicene Fathers, Buffalo: The Christian Literature Publishing Company, 1887 ,3/95. (ئىنگىلىزچە تەرجىمەسى)
69. Jacob Neusner. ed. Chief, Dictionary of Judaism in the Biblical Period:450 B.C.E. to 600 C.E., New York: Macmillan Library Reference, 1996, 2/656.
70. James Hastings, ed. A Dictionary of the Bible,Hawaii: The Minerva Group, 2004, 4/848.
71. تاننائىت دەۋرى:The Tannaitic period  ئىبرانىيچە «תנאים تەننايىم» كەلىمەسىدىن كەلگەن. ئۇلار تەلمۇد سۆزلىرى تىلغا ئېلىنغان ھاخامىي يەھۇدىيلىرىنىڭ ئالىملىرىنى كۆرسىتىدۇ. دەۋرى ئادەتتە تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە م. 10 – يىلدىن م 220 – يىلىغىچە سوزۇلىدۇ. شاماي بىلەن ھىللەلنىڭ شاگىرتلىرىدىن باشلاپ يەھۇدىي ئالىم يەھۇزا ھانازى زامانداشلىرى بىلەن ئاياغلىشىدۇ. قاراڭ:

Benno Przybylski, Righteousness in Matthew and his World of Thought, New York: Cambridge University Press, 2004, p.39)
72. Menachaem M. Brayer, op. cit., p.139.
73. Fadwa El Guindi, Veil: Modesty, privacy and Resistance, NY: Berg Publishers, 1999, p.750.
74. سامۇئېل ھېرزفېلد Shmuel Herzfeld: – 1974 يىلى تۇغۇلغان. ئورتودوكس يەھۇدىي ئۆلىماسى. ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى مىللىي چېركاۋغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. بىرقانچە تەتقىقاتلىرى ۋە ماقالىلىرى بار.
75. Shmuel Herzfeld, op. cit.
76. ئورتودوكس مەزھەبى (Orthodox): يەنى شەرقىي رۇم چېركاۋىغا ئەگەشكۈچىلەرنىڭ مەزھەبى بولۇپ، بۇلارنىڭ قەدىمكى مەركىزى كونستانتىنوپول (بۈگۈنكى ئىستانبۇل) ئىدى. كۈنىمىزدە مەركىزى يوق بولۇپ، چېركاۋلىرى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ھەرىكەت قىلىدۇ. ئەگەشكۈچىلىرى دۇنيا مىقياسىدا 170 مىليون ئەتراپىدا. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى رۇسىيە ۋە شەرقىي ياۋروپادا ياشايدۇ. بۇلار: «ئاتا ئىلاھ بالا ئىلاھتىن ئەۋزەل، روھۇلقۇددۇس ئاتا ئىلاھتىن كېلىپ چىققان» دەپ ئېتىقاد قىلىشىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ بۇ دېگەنلىرىدىن پاكتۇر. قاراڭ: ناسىر ئىبنى ئابدۇللاھ ئەلقىفارىي، «الْمُوْجَزُ فِي الْأَدْيَانِ وَالْمَذَاهِبِ الْمُعَاصِرَةِ (ھازىرقى زامان دىن ۋە مەزھەبلىرى توغرىسىدا قىسقىچە بايان)»، 76 – بەت، دارۇسسۈمەيئىي، رىياد، ھ. 1413 / م. 1992.– ت.
77. ھاسىدىي Hasidic Judaism חסידות: يەنى تەقۋادارلىق. شەرقى ياۋروپادا 18 – ئەسىردە قۇرۇلغان مۇھافەزىكار يەھۇدىي ئېقىم. ئىشغال ئاستىدىكى پەلەستىن زېمىنىدا مۇھافەزىكار گۇرۇپپىلار ئارىسىدا كۈچلۈك رولى بار.
78. The Oxford Dictionary of the Jewish Religion , p.180.
79. M. Schiller, op. cit.,102-103.

Please follow and like us: