ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن
مۇقەددىمە
بارلىق مەدھىيەلەر ئاللاھقا خاستۇر. بىز ئول زاتقا ھەمدۇسانا ئېيتىمىز، ئول زاتتىن ياردەم ۋە مەغپىرەت تىلەيمىز. نەپسىمىزنىڭ يامانلىقىدىن ۋە ئەمەللىرىمىزنىڭ دۈشمەنلىكىدىن ئول ئاللاھقا سىغىنىپ پاناھ سورايمىز. ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىنى ئازدۇرغۇچى يوقتۇر ۋە ئاللاھ ئازدۇرغان كىشىنى ھىدايەت قىلغۇچى يوقتۇر. شۇنداق گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇنىڭ شېرىكى يوقتۇر. يەنە گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، مۇھەممەد (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم) ئۇنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسىدۇر.
﴿ئى مۇئمىنلەر! ئاللاھتىن ھەقىقىي رەۋىشتە قورقۇڭلار، پەقەت مۇسۇلمان پېتىڭلارچە ئۆلۈڭلار!﴾(3/«ئال ئىمران»: 102).
﴿ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىر ئىنساندىن ياراتقان، ئۇنىڭدىن جۈپتىنى ياراتقان ۋە ئۇ ئىككىسىدىن نۇرغۇن ئەر – ئايالنى تارقاتقان رەببىڭلاردىن قورقۇڭلار، سىلەر نامى بىلەن بىر – بىرىڭلاردىن (ھەققىڭلارنى) تەلەپ قىلىشىدىغان ئاللاھتىن قورقۇڭلار، سىلە – رەھىمنى ئۈزۈپ قويۇشتىن ساقلىنىڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر﴾(4/«نىساﺋ»: 1).
﴿ئى مۇئمىنلەر! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، توغرا سۆزنى قىلىڭلار. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى تۈزەيدۇ، گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئۇ چوڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بولىدۇ﴾(33/«ئەھزاب»: 70، 71).
بۈگۈنكى كۈندە مۇسۇلمان ئايالنىڭ ھىجابى دۇنيا چۈشەنچىسىدە ئىسلامىي مەپكۇرە ۋە مەنىۋى ئۈستۈنلۈكىنىڭ بىر كۆرۈنۈشى بولۇپ، ئۇ ئۆزىنى قىممەت قاراشلار ۋە ئىدىيەلەر تۈگۈنچىسى دەپ جاكارلىۋالغان غەرب لىبېرالىزمىنىڭ سېھرى ئالدىدا شەرققە تالىق پىكىر ۋە ئەخلاق ئەندىزىلىرى يىمىرىلگەن بىر دەۋردە تىز پۈكمەسلىكنىڭ نامايەندىسىدۇر. ھىجاب مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىكى ئىدېئولوگىيە ۋە ئىدىيە توقۇنۇشلىرىدا ئىسلام دەۋەتچىلىرى بىلەن ئىلمانىيلار(1)ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشنىڭ سەرلەۋھەلىرىدىن بىرىدۇر.
ھىجاب بۈگۈن شەرق ۋە غەربنىڭ تولىمۇ دىققىتىنى تارتماقتا، سىموۋوللۇقى ۋە ئۆزىگە خاس جەلپ قىلىش كۈچى بىلەن مۇسۇلمان ئەللىرى ۋە غەرب مەملىكەتلىرىدىكى سىياسەت، مەدەنىيەت ۋە ئاخبارات سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى قاتارىنى قولدىن بەرمەيۋاتماقتا.
ھىجابقا قارىتىلغان تەئەررۇز ئۆرنەك كۆرسىتىلگەن ئاللىقانداق سەلبىي ئوبرازلار ئۈستىدىن ھەقىقەتنى ياپىدىغان ۋە دىنىي ئەھكام، شەرىئەت پرىنسىپلىرىغا تاجاۋۇز قىلىدىغانلارنىڭ ھۇجۇملىرى كۈچەيگەن پىكىر مۇھىتىدا يۈز بەرمەكتە. ئوبيېكتىپ تەتقىقات ۋە ئاڭلىق تەنقىد نىقابىغا ئورىنىۋالغان بەتنىيەتلەرنىڭ شەرىئەت ھۆكۈملىرىگە رىئايەتچان مۇسلىمە خانىم – قىزلارغا قارشى تۆھمەت تىللىرىنى ئۇزىتىشى ۋە ئۆزلىرىنىڭ خاتا چۈشەنچىلىرىنى ئاتالمىش ئەقىل – مەنتىق ۋە دوستانە نەسىھەت لىباسىغا پۈركەشتەك زورۇقۇشلىرى مەزكۇر قارشى تائىپىنىڭ قەلبىدىكى خاتا باھا، نەپرەت ۋە ئۆچمەنلىكنى ئاشكارىلىدى.
20 – ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىكى ئىسلامغا كەسكىن قارشى چىققۇچىلار لىبېرالىست – ماركسىست بىرلەشمە كۈچلىرى ئىدى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ماركسىزم ئۈممەت تۇپرىقىدا سۇسلىشىپ، ئاداققى تامچىلىرىمۇ قۇرئاننىڭ چىن مەناسى ئالدىدا پارغا ئايلانغاندا، «غايىبلار»نىڭ ئەۋلادلىرى لىبېرالىزم تەشۋىقاتچىلىرىنىڭ سېپىگە قوشۇلدى. ئۇلارنى ئۆزئارا ئايرىغان ۋە ئارىلىرىدا جېدەل – ماجىرا تۇغدۇرغان نەرسىلەرنى «ئۇنتۇپ»، چېركاۋ ۋە تۈرلۈك پروگراممىلارغا باي مىسسىئونېرلارنىڭ قالدۇقلىرى بولمىش «قاچقۇنلار» كارۋىنىغا قېتىلدى. پىتنە يىپلىرىنى ئىگىرىشكە ئالدىراۋاتقان بۇ تائىپە زىت پىكىرلەر ۋە قارشى ئەقىدىلەرنىڭ ئارىلاشمىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ مۇخالىپ تەرەپلىرىنى بۇ دىننىڭ جەلپ قىلىش كۈچىگە بولغان بىئاراملىقتىن باشقا ھېچنېمە بىرلەشتۈرەلمىدى!
بۈگۈنكى ئەرەب تاراتقۇلىرى ئەمەلىيەتتە بۇ بۇزۇق پىكىرنى تارقىتىش ۋە ھىجاب پەرزىگە ئوچۇق – ئاشكارا قارشى چىقىش ئارقىلىق ئۈممەتنىڭ جىسمىنى پارچىلاش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالماقتا. تېلېۋىزىيە قاناللىرى تىل – ئاھانەت ۋە بوھتان ئېقىمىنى ئوچۇق ياكى يوشۇرۇن پۈركۈمەكتە. قۇلاقلار ناچار سۆزلەرگە كۆنۈپ قالدى. ھىجابلىقلارغا قارىتا سەت ئوخشىتىشلار كەڭ تارقالدى. «ھىجاب ئەقىلگە توسالغۇ»، «نىقاب چېدىر»، «شەرىئەت ھۆكۈملىرىگە رىئايە قىلغۇچى قاتمال»، «ئارىلىشىشنى رەت قىلغۇچى قالاق» دېيىشمەكتە. ئايال كىشىنىڭ قىممىتى كىيگەن ئېگىنىنىڭ رەختىنىڭ كۆلىمى قىسقارغانسېرى ئۆسمەكتە… بەدىنىدىن بىر غېرىچ ياپقانسېرى، قىممىتىنى شۇنچە يوقاتماقتا…
شۇنداق قىلىپ، ھىجاب ھەققىدىكى بۇرمىلانما تەسەۋۋۇرلار بەئەينى دەسمال بۇلۇتتەك سۈمۈرگەك كىشىلەرنىڭ زېھنىدە ئورۇن تاپتى. مەيلى شەرقتە بولسۇن، مەيلى غەربتە، رېئاللىق شۇكى، بۇنداقلارنىڭ پاراسىتى ئۆزلىرىگە سۇنۇلغان ھەرقانداق بۇزۇق پىكىرنى سۈمۈرۈۋالىدۇ. كاترىنا بۇللوك خانىم ئېيتقاندەك: «ئاساسىي ئاخبارات ئېقىمىنى ئىسلام ھەققىدىكى بىردىنبىر ئۇچۇر مەنبەسى قىلغانلار ھىجاب ھەققىدە سەلبىي كۆز قاراشتىن باشقىنى ئىگىلىيەلمەيدۇ»(2).
ئىلمانىيلار ۋە خرىستىيان مىسسىئونېرلار ئاياللارنى ھېس – تۇيغۇلارنى قوزغىتىش ۋە «ئازادلىق» شوئارلىرى بىلەن يولدىن ئازدۇردى. كىيىم – كېچەكتە شەرىئەتنىڭ تەلىپىگە رىئايە قىلىدىغانلارغا قارىتا ھۇجۇم دەرۋازىلىرى شۇ ھەقتە چۈشەنچە ۋە بىلىمدىن يوقسۇل ھەرقانداق ئادەم ئۈچۈن داغدام ئېچىلدى. «چۈشىنىش» ۋە «كۆزقاراش» دەۋاگەرلىرى پەقەت «زامانىۋىلىق»، «يېڭىلىق» ۋە «ئەركىنلىك» دېگەندەك ئۆزلىرىچە «سېھىرلىك» ئاشۇ سۆزلەرنى غۇدۇرىسىلا بولدى.
مانا مۇشۇنداق ئېچىنىشلىق مۇھىتتا ۋە چوڭ تاراتقۇلارنىڭ غەربپەرەستلەرنىڭ كونتروللۇقىغا چۈشۈپ قېلىشى نەتىجىسىدە ھەق سۆز پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇسۇلمان قىز – ئاياللارنىڭ قۇلىقىغا يېتىشتىن توسۇلماقتا. شەرىئەت ئەھلى ۋە ئىسلامىي ھاياتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە چاقىرغۇچىلار بولسا خەلقنى قامچا بىلەن ئۆلۈمگە باشلاشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان پەسكەش ۋە نادانلار سۈپىتىدە تەسۋىرلەنمەكتە.
ئىلمانىيلار زومىگەر، ئەمما پۈچەك مەيدانىنى تىكلەشتە پسىخىكىلىق قالپاق كىيدۈرۈش ۋە ئەقلىي قايمۇقتۇرۇش ئۇسۇلىنى چەكتىن ئاشۇرۇپ قوللانماقتا. ئۇلار يۇرت – يۇرتلارنى كېزىپ ئۆز سەپسەتىلىرىنى تەشۋىق قىلدى، ئەگەر كىمدەكىم ئۇلارنىڭ پۈچەك تەرغىباتلىرىنى تونۇپ يېتىپ قارشى چىققۇدەك بولسا، دەررۇ قورقۇتۇش كۈچى بىلەن باستۇردى. بىزگە ئۇلارنىڭ نىقابىنى يىرتىشىمىز ۋاجىب بولدى.
مىسسىئونېرلار ئىلىمسىز سۆزلىرى ۋە دەلىلسىز دەۋالىرى بىلەن تولىمۇ چەكتىن ئاشتى. ئۇلار ئىسلامغا بوھتان چاپلىدى، «قۇرئان كەرىم»گە ئۆز دىنلىرىغا تۇتقاندىن باشقىچە مۇئامىلە قىلدى. نېمىكى ھۆددىلىۋالغان دەۋالىرىغا ماس كەلمەيدىكەن، شۇنى ئۆزلىرىنىڭ كىتابى ۋە تارىخلىرىدىن ئۆچۈردى، ئۈممەت تېمىدا يوچۇق ۋە دىن قورغىنىدا غۇلاش پەيدا قىلىش ئۈچۈن مۇسۇلمان ئاياللارغا يۈزلەندى.
20 – ئەسىر مىسسىئونېرلىرىنىڭ يېتەكچىسى سامۇئېل زۋېمېر مۇنداق دېگەن: «ئانىنىڭ ئوغۇل – قىزلارغا تەسىرى زور بولغانلىقى ۋە ئاياللار ئۆز ئېتىقادىنى قوغداشتا كونسېرۋاتىپ ئامىل بولغانلىقى ئۈچۈن، بىز مىسسىئونېر تەشكىلاتلىرى مۇسۇلمان دۆلەتلەرنى خرىستىيانلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش ۋاسىتىسى سۈپىتىدە مۇسۇلمان ئاياللارغا تېخىمۇ كۆپ دىققەت قىلىشى كېرەك دەپ قارايمىز». زۋېمېر بىلەن بىللە ئىشلەيدىغان باشقا بىر مىسسىئونېر: «قىزلارنى مەسىھكە ئۇتۇۋالساڭ، مىسىرنى مەسىھكە ئۇتۇۋالغان بولىسەن» دېگەن(3).
يۇقىرىقىلار بىزنى «قۇرئان كەرىم»نىڭ گۇۋاھلىقى، ئەتەي بۇرمىلانغان ئىنسانىي رېئاللىق ۋە مىسسىئونېرلار يوشۇرغان نەرسىلەرنى ئاشكارىلاش ئۈچۈن ئەھلى كىتابنىڭ كىتابلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئالىملىرىنىڭ ئوچۇق سۆزلىرى بىلەن ئۇلارغا يېتەرلىك جاۋاب بېرىشكە ئۈندىدى.
بىزنىڭ مەقسىتىمىز خرىستىيان ۋە يەھۇدىيلەرگە «بىزنىڭ دىنىمىز بىزنى ئەيىب ئىشقا چاقىرمايدۇ. ھىجاب سىلەردىمۇ بىزدىكىگە ئوخشاشلا بار» دېيىش ئەمەس!
بىز شەرىئەتنىڭ گۇمان ۋە شەك ئوبيېكتى بولۇشىغا رازى بولىدىغان، باشقىلارغا «بىزنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىمىزنىڭ دەلىلى سىلەرنىڭ دىنىڭلارنىڭمۇ ئىسلام چاقىرغان نەرسىگە چاقىرىشى، بىزنىڭ يولىمىزنىڭ توغرىلىقىنىڭ ھۆججىتى سىلەرنىڭ ئەقىدە – مەزھەبلىرىڭلارنىڭمۇ شۇنىڭغا چاقىرىشىدۇر» دېيىش ئۈچۈن بارلىق دەلىللەرگە يۈگۈرەيدىغان بۇ خىتابنى قوبۇل قىلمايمىز.
بىزنىڭ ھەقىقىي مەقسىتىمىز مۇسۇلمان ئايالغا ئاللاھنىڭ ئۇنى تاللىغانلىقى ۋە باشقا ئۈممەتلەر ھارامغا چۆكۈپ، ئۆزلىرىگە چۈشۈرۈلگەن پاك ھەقىقەتنى تاشلىۋەتكەندە، يەر يۈزىدىكى ئۈممەتلەرنىڭ ئاياللىرى ئىچىدە يالغۇز ئۆزىنىڭ ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى ساقلاپ، ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇنغۇچى بولۇشتەك پەزلى بىلەن خاس قىلىنغانلىقىدىن خۇشخەۋەر بېرىشتۇر.
بىز بۇ يەردە باشقىلارنى بىزنىڭ ئۇلاردىكى نەرسىلەردە ئورتاق ئىكەنلىكىمىزگە قايىل قىلماقچى ئەمەسمىز. بەلكى بىز ئۇلارنى دىن ئەھلىنىڭ ئۇلارغا قانداق خىيانەت قىلغانلىقىنى كۆرۈشكە ۋە مۇقەددەس كىتابلىرىدا ئۆچۈرۈلگەن ھەقىقەتكە قىزىقتۇرىمىز!
مانا بۇ كىتاب كۆمۈۋېتىلمەكچى بولغان ھەقىقەتنىڭ ھۆججىتى ۋە كۈنىمىز دۇنياسىدا پاكلىقنىڭ مەنىسى ۋە ئىپپەتنىڭ ھەقىقىتىنى ئۆگىتىۋاتقان، ھىدايەت كىتابىغا چىڭ ئېسىلغان مۇسۇلمان ئايالغا ياردەمدۇر.
كىتابنىڭ كىرىش سۆزىدە ئىلمانىيلار (ۋە ئۇلارغا ئەگەشكۈچىلەر)نىڭ شۈبھىلىرى ھەققىدە سۆزلەپ، مۇسۇلمان ئايال ئۇ تائىپىنىڭ ھېچقانداق ئاساسقا ئىگە ئەمەسلىكىنى، ئۇلارنىڭ شۈبھىلىرىنىڭ ئاجىز ۋە دەۋالىرىنىڭ بوش ئىكەنلىكىنى بىلسۇن ئۈچۈن، دەلىل – مىساللار بىلەن ئۇلارنىڭ زىتلىقلىرىنى ۋە نۇقسانلىرىنى كۆرسەتتۇق.
شۇنداقلا يەھۇدىي ۋە خرىستىيانلارچە مۇقەددەس كىتابلار ۋە بۇ ئىككى دىندىكى ئىجتىھاد قىلغۇچى ئۆلىمالارنىڭ سۆزلىرى ئىسپاتلىغان نەرسىگە ئۆتۈپ، يەھۇدىيلىق ۋە خرىستىيانلىقنىڭ ھىجابنى ئىلاھىي قانۇن ۋە ئەخلاقىي پەرز سۈپىتىدە ئاياللارغا پەرز قىلغانلىقىنى جاكارلايمىز.
بىز، ئوقۇرمەننىڭ ۋاقتىنى كۆپ ئالماي، قىسقا ۋە يىغىنچاق سۆزلەشنى، ئاساسىي مەزمۇن ۋە جەۋھەرنىلا سۇنۇشنى تاللىدۇق. ئۈمىد قىلىمىزكى، بۇنىڭغا مۇۋەپپەق بولغاندۇرمىز.
ئاللاھتىن بۇ كىتاب بىلەن بەسىرەتلەرنى يورۇتۇشىنى، قەلبلەرنى كەڭ قىلىشىنى، يازغۇچىسىنىڭ ھاياتىدا بۇنى قوبۇل قىلىشىنى تىلەيمىز. قەبرىسىنى يورۇتۇشىنى، قەبرىگە كۈچ – قۇۋۋەتسىز قويۇلغان كۈنى قەبرىسىنى كەڭ قىلىشىنى، قەلەملەر قۇرۇپ، سەھىپىلەر ئۇچقان كۈنى ئۇنى شاپائەتچى قىلىشىنى سورايمىز.
ئوقۇرمەن كىتاب مۇئەللىپىگە غايىبانە دۇئا قىلىشتىن بېخىللىق قىلمىغاي!
ئىسلامدىكى ھىجاب
ھىجاب ئىلاھىي پەرز
ھىجاب ۋەھىي نۇسۇسلىرىدا بېكىتىلگەن ئىلاھىي پەرز. بىزنىڭ «ھىجاب» دېگىنىمىزدىن مەقسەت ئايالنىڭ پۈتۈن بەدىنىنى ياكى يۈز، ئالىقان ۋە پۇتلىرىدىن باشقا جايلىرىنى ياپىدىغان كىيىمدۇر(4). بۇ نەۋرە تۇغقانلار ۋە تۇغقانچىلىقى بولمىغان، لېكىن نىكاھلىنىشى مەڭگۈ ھارام قىلىنمىغان يات ئەرلەرنىڭ ئالدىدا كىيىدىغان كىيىمدۇر.
قۇرئان كەرىمدىكى كۆپىنچە ھۆكۈم ئايەتلىرى تەپسىلاتىدا توختالماي، شەرىئەتنىڭ كۇللىي قائىدىلىرىنى سۇنغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇشبۇ ھىجاب مەسىلىسىدە ئايەتلەر ھۆكمىنى تەپسىلىي بايان قىلغان ۋە چەك – چېگرالارنى بەلگىلەپ بەرگەن. سەۋەبى بولسا ئۇشبۇ ئىشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقى ۋە مۇئمىن ئايالنىڭ ئىسلامىي شەخسىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم ئورنى سەۋەبىدىندۇر.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿مۇئمىنەلەرگە ئېيتقىنكى، نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن! ئەۋرەتلىرىنى ياپسۇن! زىننەتلىرىدىن سىرتتىن كۆرۈنگەندىن باشقىنى ئاشكارىلىمىسۇن! لېچەكلىرى بىلەن كۆكرەكلىرىنى ياپسۇن! زىننەتلىرىنى ئەرلىرىدىن، ئاتىلىرىدىن يا قېيىنئاتىلىرىدىن؛ ئوغۇللىرىدىن، ئەرلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن؛ ئۆز قېرىنداشلىرىدىن، قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن يا ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن؛ دىنداش ئاياللاردىن، قول ئاستىدىكى چۆرىلىرىدىن يا خوتۇنلارغا ئېھتىياجى يوق خىزمەتچىلەردىن ۋەيا بالاغەتكە يەتمىگەن بالىلاردىن باشقىلارغا كۆرسەتمىسۇن! يوشۇرغان زىننەتلىرىنىڭ بىلىنىشى ئۈچۈن ئاياغلىرىنى يەرگە ئۇرمىسۇن! ئى مۇئمىنلەر! بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ھەممىڭلار ئاللاھقا تەۋبە قىلىڭلار﴾(24/«نۇر»: 31).
ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئى پەيغەمبەر! ئاياللىرىڭغا، قىزلىرىڭغا ۋە مۇئمىنلەرنىڭ ئاياللىرىغا ئېيتقىنكى، ئۇلار جىلبابلىرى بىلەن بەدەنلىرىنى ئورىۋالسۇن، بۇنداق قىلغاندا ئۇلارنىڭ (ھۆر ئاياللار ئىكەنلىكى) ئەڭ ئوڭاي تونۇلىدۇ – دە، باشقىلار ئۇلارغا چېقىلمايدۇ. ئاللاھ (بەندىلىرىگە) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر﴾(33/«ئەھزاب»: 59).
بىرىنچى ئايەتتە زىننەتنىڭ ھەممىسىنى يېپىش ۋە يات ئەرلەر ئالدىدا ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسىنى كۆرسەتمەسلىكنىڭ ۋاجىبلىقى ئوچۇق بايان قىلىنغان. پەقەت «كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان» زىننەتلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا. بۇ ئايالنىڭ ئۆزىنى يېپىشى كېرەكلىكىگە دەلىلدۇر. ئالىملارنىڭ «كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان» زىننەت ھەققىدىكى پەرقلىق ئىزاھاتلىرى يۈز، ئالىقان ۋە پۇتتىن باشقىغا كېڭەيمىگەن!(5)
ئاللاھ تائالا: ﴿لېچەكلىرى بىلەن كۆكرەكلىرىنى ياپسۇن﴾(24/«نۇر»: 31) دېگەن. بۇخارىي ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلغان: «بۇ ئايەت چۈشكەندە، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كۆڭلەكلىرىنى ئېلىپ، چېتىدىن يىرتىپ، باشلىرىنى ياپتى». بۇ ئايەت ئايالنىڭ چېچىنىڭ ئەۋرەت ئىكەنلىكىگە كەسكىن دەلىلدۇر. ساھابە ئاياللار بۇ ئايەت چۈشكەندە، باشلىرىنى ياپقان ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارنىڭ بۇ قىلغىنىنى تەستىقلىغان.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئايال ئەۋرەتتۇر (ئەۋرەت — ئاشكارىلاش ئەيىبلىنىدىغان نەرسە)، ئۇ سىرتقا چىققاندا شەيتان ئۇنىڭغا كۆز تىكىدۇ ۋە ئەرلەرگە چىرايلىق كۆرسىتىدۇ» دېگەن(6). بۇ ئايالنىڭ پۈتۈن بەدىنىنىڭ ئەۋرەت ئىكەنلىكىگە دەلىلدۇر. كىمكى ئستىسنا قىلماقچى بولسا، دەلىل كەلتۈرۈشى كېرەك. ھالبۇكى، يۈز، قول ۋە پۇتتىن باشقىنى ئىستىسنا قىلىشقا دەلىل يوق. (مۇستەسنادا) بۇنىڭدىن ئاشۇرۇشقا ئورۇن يوق.
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— كىمىكى تەكەببۇرلۇق قىلىپ كىيىمىنى سۆرەپ يۈرىدىكەن، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇ كىشىگە (رەھمەت نەزەرى بىلەن) قارىمايدۇ، — دېگەنىدى، ئۇممۇ سەلەمە:
— ئۇنداقتا ئاياللار ئېتەكلىرىنى قانداق قىلىدۇ؟ — دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— بىر غېرىچ ئۇزۇن قىلسۇن، — دېدى.
— ئۇنداق بولسا پۇتلىرى كۆرۈنۈپ قالىدۇ.
— بىر گەز ئۇزۇن قىلسۇن، ئۇنىڭدىن ئاشۇرمىسۇن(7). بۇ ھەدىس ئايالغا نىسبەتەن ئورىنىشنىڭ ئەسلىي پەرزلىكىگە دەلىلدۇر. بۇ ساھابە ئايال پۇتىنىڭ كۆرۈنۈپ قېلىشىدىن قورققان. ئۇنداق بولغان ئىكەن، قانداقمۇ ئىسلام ئايالغا شەرئىي ئورىنىدىغان كىيىم بەلگىلىمىگەن دېگىلى ۋە ياكى »چاكىنا« بولمسىلا، تىزىدىن تارتىپ كۆرسىتىدىغان كىيىم كىيسە بولىدۇ دېيىشكە بولسۇن؟!
ئىسلام ئالىملىرى باشنى يۆگەشنىڭ پەرزلىكىدە پەرقلىق قاراشتا بولغانمۇ؟
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿كىمكى توغرا يول ئېنىق بولغاندىن كېيىن، پەيغەمبەرگە قارشىلىق قىلىدىكەن ۋە مۇئمىنلەرنىڭ يولىدىن غەيرىيگە ئەگىشىدىكەن، بىز ئۇنى ئۆزى ماڭغان يولغا قويۇۋېتىمىز ۋە جەھەننەمگە كىرگۈزىمىز. ئۇ نېمىدېگەن يامان جاي!﴾(4/«نىساﺋ»: 115). كىمكى ئۈممەتنىڭ بىرەر ئىشتىكى ئىجمائسىغا خىلاپلىق قىلسا، پەيغەمبەرگە قارشى چىققان ۋە قاتتىق ئازابقا دۇچار بولۇش بىلەن ئۆزىنى ھالاك قىلغان بولىدۇ.
ئىسلام ئالىملىرى ساھابەلەر دەۋرىدىن تارتىپ ھۆر ئايالنىڭ پۈتۈن بەدىنىنى يېپىشى كېرەكلىكىدە بىرلىككە كەلگەن. پەقەت يۈز، ئالىقان ۋە پۇتتا پەرقلىق قاراشلاردا بولغان. بۇ بىرلىككە كېلىش ئۆلىمالارنىڭ كىتابلىرىدا خاتىرىلەنگەن. تۆۋەندىكىلەر بۇ مەسىلىدە قاراشلاردىكى ئىختىلاپنىڭ بىز تىلغا ئالغان ئورۇنلار بىلەن چەكلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدىغان پاكىتلاردۇر:
ئىبنى ھەزم: «ئۇلار ھۆر ئايالنىڭ يۈزى ۋە قولىدىن باشقا چېچى ۋە بەدىنىنىڭ ئەۋرەت ئىكەنلىكىگە بىرلىككە كەلگەن. يۈز ۋە تىرناقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا قولنىڭ ئەۋرەت ياكى ئەمەسلىكىدە ئىختىلاپ قىلىشقان» دەيدۇ(8).
شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىييە بۇنى تەستىقلىغان ۋە ئىبنى ھەزمنىڭ ئىجمائلارنى نەقىل قىلىشقا بېغىشلانغان كىتابىنىڭ باشقا ئورۇنلىرىغا تەنقىدىي رەددىيە بەرگەن بولسىمۇ، بۇ ھەقتىكى سۆزىگە رەددىيە بەرمىگەن.
جەزىيرىي دەيدۇ: «ئالىملار ئەۋرەتنىڭ چېگراسىنى بەلگىلەشتە تۆۋەندىكى مەزھەبلەرگە بۆلۈنگەن:
شافىئىيلارنىڭ بىر رىۋايىتىدە ۋە ھەنبەلىيلەرنىڭ قارىشىدا: ھۆر ئايالنىڭ پۈتۈن بەدىنى ئەۋرەت، زۆرۈر بولمىسا يات ئەرلەر ئالدىدا بەدىنىنىڭ ھېچقانداق يېرىنى ئېچىشى دۇرۇس ئەمەس. داۋالىنىش ئۈچۈن دوختۇر، نىكاھ ئۈچۈن تەلەپ قويغۇچى، سوتتا گۇۋاھلىق بېرىش، سودا – سېتىق مۇئامىلىسى قاتارلىق زۆرۈرىيەتلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا. شۇنداقلا يۈز ۋە ئالىقان زۆرۈرىيەت سەۋەبىدىن مۇستەسنا. پۇتنى ئېچىش زۆرۈر بولمىغاچقا، ئۇنىڭ ئەۋرەت ياكى ئەمەسلىكىدە ئىككى خىل قاراش بار. ئەڭ توغرىسى ئۇ ئەۋرەتتۇر.
ھەنەفىيلەر، شافىئىيلارنىڭ ئىككىنچى قارىشى ۋە مالىكىيلارنىڭ پەتىۋا بېرىلىدىغان قارىشى: ھۆر ئايالنىڭ يۈز ۋە ئالىقاندىن باشقا پۈتۈن بەدىنى ئەۋرەت. ئايال يۈزى ۋە ئالىقىنىنى يولدا ۋە يات ئەرلەر ئالدىدا ئاچسا بولىدۇ. لېكىن، بۇ ھۆكۈم پىتنىدىن خاتىرجەم بولۇش شەرتى بىلەن بېكىتىلگەن. ئەگەر تەبىئىي گۈزەللىكى ياكى تاقىغان زىبۇزىننەتلىرى سەۋەبىدىن يۈز ۋە قولنى ئېچىش پىتنە قوزغىسا، بەدىنىنىڭ باشقا ئەزالىرىغا ئوخشاش ئۇلارنى يېپىش ۋاجىب بولىدۇ ۋە ئۇلار ئەۋرەتكە ئايلىنىدۇ. بۇ پىتنە يوللىرىنى توسۇش ئۈچۈندۇر»(9).
ئۆلىمالار ئېچىش جائىز بولغان يەرلەرنىڭ دائىرىسى ھەققىدىكى فىقھىي مەزھەبلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، يۈز، ئالىقان ۋە پۇتتىن ھالقىمىغان. بۇ ئۇلارنىڭ باشقا يەرلەرنى ئېچىشنىڭ ھاراملىقىغا بىرلىككە كەلگەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر.
ئىسلامدىكى ھىجابقا قارىتا شۈبھىلەر
ھەق يولدىن چەتنىگەن مائارىپ ئارقىلىق مۇسۇلماننىڭ ماھىيىتىنى قۇرۇقداش، ئاڭ – سەۋىيەسىنى پۈچەكلەشتۈرۈش ۋە ئۇنى دىنى ھەم مەدەنىيىتىگە مايىل بولۇشتىن توسۇش، ئىلمانىيلار ۋە ئىباھىيچىلەر (ھەممىنى مۇباھ سانىغۇچى تائىپە) نىڭ خىزمىتىگە قويۇلغان ئاخبارات، ياشلارنىڭ بوينىنى سوزۇپ تەلپۈنىدىغان ۋە «يولباشچى» قىلىۋالىدىغان بۇزۇق ۋە ئازغۇن ئۈلگىلەر راۋاج تېپىۋاتقان… مانا مۇشۇنداق ئىدېئولوگىيە ۋە مەدەنىيەت مۇھىتىدا، ئىسلامغا قارشى چىققۇچىلار ئىسلام ياشلىرىنىڭ ئەقلىگە سوقۇنۇپ كىرىش يولىنى تاپتى ۋە ئۇلارنىڭ ئىلمىي قۇرۇلمىسىدىكى بۇ بىلىم بوشلۇقىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنى مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئاساسى ۋە كىملىكىنىڭ جەۋھىرى بولغان دىنىدىن يىراقلاشتۇردى.
ئىلمانىزم ئىسلام بىلەن دائىم زىتلاشقاچقا، خرىستىيانلاشتۇرغۇچى مىسسىئونېرلار ئىدىيە ۋە مەزھەبلىرى پەرقلىق بولسىمۇ، «قېرىنداشلىرى» ئىلمانىيلار بىلەن بىرلىكتە شەرىئەت پىرىنسىپلىرى ۋە ئىسلامىي ئېتىقاد ھەقىقەتلىرىنى تەۋرىتىش ئۈچۈن تەييار مۇھىت ۋە قولاي پۇرسەتكە ئېرىشتى.
بۈگۈنكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇ «لايىھە»گە خىزمەت قىلىش ۋە ئۇنى تەشۋىق قىلىشنى باشلىدى. ئۇلار «يول كۆرسىتىش» خاراكتېرىدىكى پروگراممىلىرىدا ۋەھىينىڭ پىرىنسىپىنى — ئىسلامنى زامانىۋى چۈشىنىش باھانىسى بىلەن — ئىنكار قىلىشنى يوشۇرۇشقا تىرىشىدىغان ئىلمانىيلار بىلەن بىللە، بۇرمىلانغان كىتابلار ۋە چەكلەنگەن پىكىرلەرنىڭ ئىگىسى بولغان خرىستىيانلاشتۇرغۇچىنى بىر يەرگە ئەكەلدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ياخشى تەرەپلىرى بار بولسىمۇ، ئىسلامنى تەمسىل قىلىشتىن يىراقتا بولغان جەمئىيەتلىرىمىزنى «جەمئىيەتنىڭ ئىسلاملىشىشى»، «جەمئىيەتنىڭ ئەسلىيەتچىلىكى» ۋە «جەمئىيەتنىڭ قاتماللىقى» دېگەنگە ئوخشاش ھەرخىل قېلىپلاشقان تەنە ئەيىبلەشلىرى بىلەن ئازابلانغان، قايغۇرغان ھالدا دەردلىنىپ شىكايەت قىلىشىدۇ… ئىلمانىيلار ۋە مىسسىئونېرلار شەرىئەتنىڭ توغرا پىرىنسىپلىرى ھۆكۈمران بولغان ۋە ھەممە كىشى توغرا يولدا ماڭىدىغان جەمئىيەتتە ياشاپ قالغان بولسا نېمىلەرنى قىلىپ كېتەر ئىدى؟!
ئىلمانىزم دەۋەتچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ مىسسىئونېر قېرىنداشلىرى ئۈچۈن ئىسلامىي ھىجاب بىر «ئەندىشە» مەنبەسىدۇر. چۈنكى، غەربلەشتۈرۈش ئىدىيەسى ۋە خرىستىيانلاشتۇرۇش ھەرىكىتى يىگىرمىنچى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئايالنىڭ ئۈممەتتىكى ئەڭ ئاجىز نۇقتا ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ كېسەللەرنى يۇقتۇرۇشنىڭ ئاسان يولى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىپ، مۇسۇلمان ئەۋلادلارغا ئايال ئارقىلىق بۆسۈپ كىرىش ئۈچۈن پۈتۈن ئىمكانىيەتنى قوللاندى، تەشكىلات ۋە جەمئىيەتلەرنى قۇردى، ئۇزۇن ۋە قىسقا مۇددەتلىك پىلانلارنى تۈزدى. لېكىن، ئۇلار مۇسۇلمان قىزنىڭ پاكلىق دىنىغا قايتىشى ۋە ئۇنىڭغا ھىجابنى ئەرزىمەس دەپ كۆرسەتكەن ساختا پىتنىدىن يۈز ئۆرۈشى، شۇنداقلا قۇللاشتۇرغۇچى ئىدىيەنىڭ كىسلاتالىرىدا ئېرىشكە ئۇنىمىغانلىقىدىن ھەيران قالدى.
بۇ يەردە ئۇلار ساختا تەمكىنلىك ۋە مۆتىدىللىكلىرىنى، ياسالما ۋە بېزەلگەن ئوتتۇراھاللىقنى يوقاتتى. ئالدامچىلىق نىقابلىرى چۈشتى. كونا شوئارى «پەرقلىق بولۇش ھوقۇقى» غايىپ بولدى. تىللىرى تۆھمەت ۋە ھاقارەتكە كۆچتى. ئۇلاردىن ھالاكەت كېپىنى ۋە يوقىلىش گۆرىنى سېتىۋېلىشنى رەت قىلغان ھەر ئايالنى كەمسىتىشتىن يانمىدى.
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلار ھىجابقا قارشى شۈبھىلىرىنى قايتا – قايتا تەكرارلىدى. بىز ئىلمانىزمنى مېھراب، قىبلىگاھ، ئىبادەت ۋە قەلبىگە ماياك قىلىۋالغان مەدەنىيەت ۋە ئاخبارات مۇھىتىنىڭ تەسىرىدە قۇلىقىمىزغا ھەر ۋاقىت يېتىپ تۇرىدىغان بۇ شۈبھىلەر ئۈستىدە توختىلىپ، ئۇلارنىڭ قانچىلىك زۇلۇم قىلغانلىقى ۋە ھەقىقەتتىن قانچىلىك يىراقلاشقانلىقىنى كۆرىمىز.
بىرىنچى شۈبھە: ھىجاب كونىچى شەرىئەت
مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ قۇلىقىغا كۆپ يېتىدىغان، كۆرەڭلەپ كەتكەن ۋە قوپال دەۋالارنىڭ بىرى: «دۇنيا تەرەققىي قىلىپ ئىلمىي ئىجادىيەتتە چوققىغا چىققان، تېخىمۇ ئوچۇق ۋە پىشقان يىگىرمە بىرىنچى ئەسىردە ئاياللارنى ھىجاب كىيىشكە چاقىرىش چېكىنىش ۋە ئوتتۇرا ئەسىر قاراڭغۇلۇق دەۋرىگە قايتىشقا بولغان ئوچۇق چاقىرىقتۇر!!»
جاۋاب:
بىرىنچىدىن، ئىسلام دۈشمەنلىرى تولا تەكرارلايدىغان ۋە قۇرئان، ھەدىس ھۆكۈملىرىنى چىڭ تۇتۇشقا چاقىرغۇچىلارغا قىزغىنلىق بىلەن كىيدۈرىدىغان «كونىچىلىق» قالپىقىنىڭ مەنىسى نېمە؟
«كونىچىلىق (الرجعية)» ئىنگلىزچە «reactionism» دېگەن سۆزنىڭ ئەرەبچىلەشتۈرۈلگىنى بولۇپ، كونا ئىدېئولوگىيە، سىياسىي ياكى ئىجتىمائىي تۈزۈمگە قايتىشقا چاقىرىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئاتالغۇ فرانسىيە ئىنقىلابى مەزگىلىدە پادىشاھلىق ۋە فېئوداللىق يوق قىلىنغاندىن كېيىن، پادىشاھلىق ۋە فېئودال تۈزۈمگە قايتىشقا چاقىرغانلارنى سۈپەتلەشتە پەيدا بولغان. كېيىنچە كونا تۈزۈم ياكى يولغا قايتىشقا چاقىرغان ھەر كىشى «كونا»، «كونىچى» دەپ ئەيىبلىنىدىغان بولغان… ئۇنداقتا ئىستىلاھىي مەنىسىدىكى «كونىچىلىق» مۇتلەق ناچارمۇ؟
غەربلەشتۈرگۈچىلەرنىڭ غەربنىڭ ئاتالغۇلىرىنى ئۇلارنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە پەيدا بولغان مۇھىتىنى نەزەرگە ئالماي قوللىنىشى چۈشىنىشتە قالايمىقانچىلىق ۋە رېئاللىققا باھا بېرىشتە خاتالىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. شۇنداقلا ئۇلارنى رېئاللىقنى توغرا ئىدراك قىلىش ۋە ئاڭلىق ھەم ئىجابىي مۇئامىلە قىلىشتا ئوچۇق زىددىيەت ۋە يۈزەكىلىككە مەھكۇم قىلدى.
«كونىچىلىق» سۆزى بىرەر مەۋقە ياكى ئېقىمغا قارىتا سەلبىي باھا سۈپىتىدە قوللىنىلغان ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە، غەرب پىكرىدە ئۈستۈنلۈك قازانغان ئۆزگەرمەس قىممەت قاراشلارنى رەت قىلىش بىلەن بىرگە، «زامان ئۆتۈشى بىلەن قىممەت – قاراشلار ئۆزگىرىدۇ» دېگەن ھۆكۈمران ئىدىيە بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان ئىلىم يىغىندىسىنى ئاساس قىلغان بولىدۇ.
«كونىچىلىق» دەپ ئەيىبلەش دېگىنىمىز — مەيلى ئۇ ئىلاھىي ۋەھىيدىن كەلسۇن ياكى ئىنساننىڭ ساغلام ئىجتىھادىدىن كەلسۇن، ئۆتمۈشتە بايقالغان ياكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەرقانداق ھەقىقەتنى پەقەت ئۇ «كونا» دەپ قاراپ، رەت قىلىش ۋە ئەيىبلەش دېگەنلىكتۇر. بۇنىڭغا ئاساسەن، ئەجدادلىرىمىز قوبۇل قىلغان بارلىق گۈزەل قىممەتلەر ۋە ئۇلار قوغدىغان بارلىق ئېسىل پىكىرلەر ئۆتمۈشكە تەۋە بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئۇلاردىن ۋاز كېچىش كېرەك. ھەر قانداق «ئۆتمۈش» ئۇنىڭ قىممىتى، ھەقىقىتى ۋە توغرىلىق دەرىجىسىگە قارىماستىن، «قايتىش» ياكى «قايتىشقا چاقىرىش» دۇرۇس بولمايدىغان «رەت قىلىنىدىغان پىكىر»دۇر!
مانا بۇ «كونىچىلىق» تۆھمىتىنىڭ ھەقىقىتى ۋە ئۇنىڭ دەسلەپكى مەنبەسى. ئەقىل ئىگىسى تۆھمەت قىلغۇچىنىڭ ھىجابلىق ئايالغا قىلغان تۆھمىتىنى قوبۇل قىلامدۇ؟!
«كونىچىلىق» ھۆكمىنى غەرب رېئاللىقىغا تەتبىقلىساق قانداق بولار؟! بۇ قارشى چىققۇچى نېمە دەر؟!
بىرىنچى مىسال: غەربتىكى ئائىلە «ياۋايى كاپىتالىزم capitalisme sauvage»([10^]) تۈزۈملىرى ئاستىدا ئاتا – ئانا بىرلىكتە بالىلارنى تەربىيەلەيدىغان، ئۇلارنى پەزىلەتلىك ئەخلاققا ۋە خەلق مەنپەئىتىگە خىزمەت قىلىدىغان ئومۇمىي تۈزۈملەرنى ھۆرمەتلەشكە يېتەكلەيدىغان مۇستەھكەم ئائىلە ئۈلگىسىدىن، ئاتا – ئانىنىڭ ھەر ئىككىسى بالىلارنىڭ ياخشى قىممەت – قاراشلار بىلەن يېتىلىشىگە كۆڭۈل بۆلمەي، كۆپ پۇل تېپىش ئۈچۈن ئىشلەيدىغان ئائىلە شەكلىگە ئۆزگەردى. شۇنىڭ بىلەن ئەۋلادلار ئۆسمۈرلەر، ياشلارنىڭ ساددىلىقىدىن پايدىلىنىپ زور پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلىدىغان چىرىك ئاخبارات ۋە سودا نەپسانىيەتچىلىكىنىڭ ئولجىسىغا ئايلاندى.
بۈگۈن غەربتە ئائىلە تۈزۈملىرىنى ئىسلاھ قىلىش، ئەزالىرىنى باغلاپ تۇرىدىغان ۋە مۇناسىۋەتلىرىنى باشقۇرىدىغان بۇرۇنقى رىشتىنى قايتا قۇرۇشنى، ئەر – ئايال ۋە بالىلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان ئەۋلادلارنى تىجارىي ئاخباراتنىڭ زەھەرلىرى ۋە چىركىن قىممەت – قاراشلاردىن قوغداش ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە چاقىرىدىغان ئېقىملار پەيدا بولدى. بۇ ئېقىم كونا ئىجتىمائىي تۈزۈملەرگە قايتىشقا چاقىرغانلىقى ئۈچۈن ئالدىدىكى تەبىرگە ئاساسەن، ئىستىلاھ جەھەتتىن شەكسىز «كونا» ئېقىم ھېسابلىنىدۇ. ئۇنداقتا كونا ئائىلە تۈزۈمىگە قايتىشقا چاقىرغۇچىلار پەقەت ئاتالمىش «كونا» ئېقىمدە بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئەيىبلىنىشكە لايىقمۇ؟! ھەرقانداق ئۆزگىرىش ۋە كونىدىن يىراقلىشىش ماختاشقا لايىقمۇ؟ ھەرقانداق كونىغا قايتىش چوقۇم ئەيىبلىنىشكە ۋە رەت قىلىنىشقا تېگىشلىكمۇ؟
ئىككىنچى مىسال: قاھىرەدىكى نوپۇس يىغىنى ۋە باشقا خەلقئارالىق يىغىنلاردا غەرب «ئەنئەنىۋى ئائىلە شەكلى» دەپ ئاتالغان تۈزۈمنى ئۆزگەرتىشكە چاقىردى. ئۇلارنىڭ نەزەرىدىكى «ئەنئەنىۋى شەكىل» دېگىنى نىكاھنىڭ پەقەت ئەر – ئايال ئىككى تەرەپ ئارىسىدىلا بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار تەلەپ قىلىۋاتقان ۋە شۇنداقلا كۆپ قىسىم غەرب جەمئىيەتلىرى قوبۇل قىلغان «زامانىۋى» شەكلى بولسا كونا شەكىلگە قوشۇپ ئەر بىلەن ئەر ئارىسىدا، ئايال بىلەن ئايال ئارىسىدا نىكاھلىنىش شەكىللىرىدىمۇ بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ. پەمىمچە بۇ ھالەت يېقىندا غەربتە بۇنى قوبۇل قىلغان ۋە چاقىرىدىغانلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ قانۇنغا كىرگۈزۈلىدۇ.
ھازىر غەربتە دىن ئەھكاملىرى ۋە تەبىئىي قانۇنىيەتلەرگە ئۇيغۇن ئائىلىنىڭ ئەنئەنىۋى شەكلىنى ساقلاشقا چاقىرىدىغان ئېقىم پەيدا بولدى. لېكىن بۇ ئېقىم ئاتالمىش «ھەمجىنىسلار ھوقۇقى» دېگەن نەرسىگە تەشۋىق قىلغۇچىلارنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ۋە قوپال رەت قىلىشىغا ئۇچرىدى. بۇ ئېقىم «كونا» دەپ ئەيىبلەندى. «كونىچىلىق»نىڭ تەبىرى بويىچە، ھەر قانداق كونا تۈزۈمگە چاقىرغۇچى كونا ھېسابلانغاچقا، ئۇنى «كونىچىلىق» دەپ سۈپەتلەش شەكسىز توغرا ۋە قائىدىلىك سۈپەتلەشتۇر!!
ئۇنداقتا ئەر بىلەن ئەر ئارىسىدا ياكى ئايال بىلەن ئايال ئارىسىدا نىكاھنى چەكلەش يېڭى رېئاللىقنى رەت قىلىپ، كونىچە ئائىلە شەكلىگە چاقىرغانلىقى ئۈچۈن «زۇلمەت» ۋە «ھەقسىز قىلمىش» دېيىش توغرىمۇ؟!
يۇقىرىقى ئىككى سوئالغا جاۋاب بېرىشتە — قارشى تەرەپ ئەۋلاد تەربىيەسىنى ئېتىبارغا ئېلىشقا ئەرزىمەيدىغان نەرسە ۋە ئەرنىڭ ئەر بىلەن، ئايالنىڭ ئايال بىلەن نىكاھلىنىشىنى نومۇسلۇق ئىش ئەمەس دەپ قارايدىغان بولمىسىلا — تەپسىلىي توختىلىش بىھاجەت.
دېمەك، «كونىچىلىق» ھىجابلىق ئايال قورقىدىغان تۆھمەت ئەمەس. چۈنكى، «كونىچىلىق» كىشى «قايتماقچى» بولغان ئىشنىڭ ياخشى – يامانلىقىغا قاراپ ئىجابىي ياكى سەلبىي بولىدۇ. ئەگەر كونىچىلىق ياخشى پىكىر ۋە ئىشلارغا قايتىش بولسا، نېمىدېگەن ياخشى! ئەگەر سەت ۋە نومۇسسىز پىكىر ۋە ئىشلارغا قايتىش بولسا، نېمىدېگەن يامان!
«ئىنسان» دېگەن ئۆزىنىڭ ئەتراپىدىكى مۇھىت، جۈملىدىن باشقا ئىنسانلار، باشقا جانلىقلار ۋە نەرسىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە ھەممە ئوخشاش «ئىنسان»دۇر. پەقەت ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرۇش ۋاسىتىلىرىلا ئۆزگىرىدۇ. ئەمما يېيىش – ئىچىش، نىكاھلىنىش، بىخەتەرلىك، خاتىرجەملىك ۋە ئۈلپەتلىشىشتەك ئاساسىي تەبىئىي ئېھتىياجلار بولسا، قەدىمدە قانداق بولسا ھازىرمۇ شۇنداق، بۇلاردا پەقەت ئۇلارنى قاندۇرۇش ۋاسىتىلىرىدىلا ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن.
ئىنساننىڭ ھۆرمەتلىك ئادەم ئەۋلادىغا تەۋە ئىكەنلىكىنىڭ ھەقىقىتىنى ئىسپاتلايدىغان گۈزەل قىممەت – قاراشلىرى زامان ئۆزگىرىشى ۋە ماكان ئالمىشىشى بىلەنلا يوقاپ كەتمەيدۇ. ئىنسان مۇقىم قىممەتتۇر، ئۇنىڭدا پەقەت سىرتقى كۆرۈنۈشلەرلا ئۆزگىرىدۇ. ئەگەر بىز ئۇنى گۈزەللىكنىڭ ھەقىقىتىدىن ئايرىۋەتسەك نەتىجە تارىخ تۇپرىقىدا چوڭقۇر يىلتىزى يوق ئاجىز سانائەت مەھسۇلاتىغا ئايلىنىشتىن ۋە روھىنى ئۆز كىملىكىدىن يىراقلاشتۇرۇشتىن باشقا نەرسە بولمايدۇ.
ئىككىنچىدىن، غەرب بۈگۈن ئىدىيە ۋە قىممەت – قاراش جەھەتتە «پوستمودېرنىزم Post-modernism» ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ياشاۋاتىدۇ. بۇ ئېقىم غەربنىڭ ئائىلە ۋە جەمئىيەت قۇرۇلمىسىنىڭ تومۇرلىرىغا ئۆزىنىڭ چۈشەنچە، قانائەت ۋە تەسەۋۋۇرلىرىنى سىڭدۈرۋەتكەن. ئەرەب ئىلمانىيلىرىنىڭ بۇلۇتتەك سۈمۈرگۈچى تەبىئىتى تۈپەيلىدىن، ئۇلار غەربتىن قوبۇل قىلغان ئىدىيە – مەپكۇرىنىڭ ئەسلى مەنبەسىگە تەنقىدىي نەزەر بىلەن قارىمايدۇ. كۆچۈرۈش، نەقىل قىلىش ۋە ساددىلارچە تەكرارلاش ئۇلارنى ئويلىنىش ۋە تەپەككۇر قىلىشتىن توسۇپ قويغان!
ئۇنداقتا قارشى تەرەپتە تۇرغۇچىلار «كونىچى» دەپ قارىلىدىغان «پوستمودېرنىزم» ئېقىمى نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟
«پوستمودېرنىزم» دېگىنىمىز «ئىدىيەسىزلىك ئىدىيەسى»، يەنى مەۋجۇتلۇقىنى ئۆزىدىن ئالمايدىغان، ماھىيىتىنىڭ شەكىللىنىشىدە باشقىنى يوققا چىقىرىشقا قايتىدىغان پىكىر. ئۇ باشقىسى (مودېرنىزم ياكى باشقا تونۇلغان ئومۇمىي سىستېمىلار) مۇ ئەمەس .ئۇ ئۆز – ئۆزىنى ئۆزىدىن ئىسپاتلاشتىن كېلىدىغان ئاجىز ئىدىيە! ئۇ رەت قىلىش ۋە تېڭىرقاش پەلسەپىسى، بارلىق كونا ئەندىزىلەرنى، ئىنساننىڭ مەۋجۇتلۇقى ئايلىنىدىغان «مەركەز»نى يوق قىلىش، مۇتلەق ھەقىقەت ئىدىيەسىنى، ئەقىلنىڭ جەزمىي تونۇشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش رولىنى يوق قىلىش. ئۇ ھېچنېمىزىم (Nihilism) نىڭ ئومۇمىي نامايەندىسى!
«چۇۋۇش» مېتودى «پوستمودېرنىزم» مەپكۇرىسىدىكى ئەڭ مۇھىم ئويلىنىش ۋە چۈشەندۈرۈش ئۇسۇلى بولۇپ، ئۇ ئىنساننى تەھلىل قىلىش ۋە چۈشىنىش ئۈچۈن «نەرسىلەر» ۋە «مايىللىقلار»نىڭ پارچىلىرىغا چۇۋۇيدۇ. بۇ چۇۋۇش جەريانى «قاراڭغۇ يورۇتۇش» دەپ ئاتالغان جەرياننىڭ جەۋھىرى، يەنى ئىنساننى ئىچىدىكى ياۋايى زۇلمەتلىك ئىستەكلىرى ياكى سىرتىدىكى ئۇ ھالقىپ ئۆتەلمەيدىغان مېكانىك قانۇنىيەتلىرى ھەرىكەتلەندۈرىدىغان تەبىئىي مەخلۇق دەپ قاراشتۇر(11).
«پوستمودېرنىزم» دەۋرىدە پىكىر ۋە قىممەت – قاراش سىستېمىلىرىدا ئىنسان ئۇنىڭغا «ھايۋان»دىن ئۈستۈنلۈك بېغىشلىغان روشەن ئالاھىدىلىكلىرىدىن مەھرۇم «سۇيۇق مەخلۇق»قا ئايلاندى!
غەربنىڭ «ئايال» ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرى «ھۆرمەتلەنگۈچى ئىنسان»غا قارىتا بۇ ۋەيران قىلغۇچى تەسەۋۋۇر ئاستىدا، غەربنىڭ «ئايال» ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرلىرى شەكىللەنگەن بولۇپ، ئىجتىمائىي ۋە پسىخولوگىيەلىك تەتقىقاتلاردا ئېنىق كۆرۈنىدۇ ۋە بۇ ساھەلەردە ھەقىقىي ئىسىملىرى بىلەن ئاتىلىدۇ. لېكىن، قەبىھلىكى ۋە ئاقىۋىتىنىڭ ئېغىرلىقى تۈپەيلىدىن ئاۋام غەربلىكلەرگە ياكى ئىسلام دۇنياسىغا قارىتىلغان خەلقئارالىق ئاخبارات ئېيتىملىرىدا ھەقىقىي رەڭلىرى يوشۇرۇلىدۇ. بىز بۇ يەردە بىزگە كېرەكلىك — «پوستمودېرنىزم» دەۋرىدىكى ئايال كىملىكىنىڭ ئالامەتلىرىنى كۆرسىتىدىغان — بىرقانچە نۇقتىنى يىغىنچاقلايلى. بۇ دەۋرگە «قارشى تۇرغۇچى» ياكى ئۇنىڭدىن «چېكىنگۈچى» «كونىچى» ۋە «سەتلەشكۈچى» دەپ قارىلىدۇ:
ئىدېئال ئايال: «پوستمودېرنىزم» دەۋرىدە غەربنىڭ فېمىنىستلىك ئېقىمى تەشەببۇس قىلىدىغان «ئىدېئال ئايال» فېمىنىستلارنىڭ ئىككىنچى دولقۇنىنىڭ(12) «دەستۇرى» دەپ قارالغان «ئىككىنچى جىنس Le DeuxièmeSexe» ئاتلىق كىتابىدا سىمون دى بۇۋوئار Simone de Beauvoir([13^]) بېكىتكەن ئالاھىدىلىكلەرنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن ئايالدۇر. ئۇ ئايال «پارازىت مەخلۇق» بولۇشنى رەت قىلىدىغان، «نارازى ئايال» ئانا بولۇشنى خاھلىمايدىغان، ئەر بىلەن سۆيگۈ مۇناسىۋىتى بولۇشنى خاھلىمايدىغان «قورققان ئايال»دۇر(14). ئۇ «ئائىلە» ۋە «ئەر»دىن مۇستەقىل بولۇۋالغان، ئۆزىنىڭ «ئاياللىق ماھىيىتى»دىن ئايرىلغان ئايالدۇر!
ئايال «جىنسىي نەرسە» سۈپىتىدە: 1993 – يىلى ئېلىپ بېرىلغان بىر ستاتىستىكىدا، ئامېرىكىلىق ياشلارنىڭ %65 ى «ئەرنىڭ تۇنجى ئۇچرىشىشتىن ئالتە ئاي كېيىن ئايالنى جىنسىي مۇناسىۋەتكە مەجبۇرلىسا بولىدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەن. تۆتتىن بىرى ياش «ئەگەر ئەر بۇرۇن ئۇ ئايالغا پۇل سەرپ قىلغان بولسا، ئايالنى جىنسىي مۇناسىۋەتكە مەجبۇرلىسا بولىدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەن!(15)
«پوستمودېرنىزم» دەۋرىدىكى لىبېرال ياۋايىلىق رېئاللىقىدا ئايال «جىنسىي ئويۇنچۇق»قا ئايلاندى. ئاياللارنىڭ غەربتىكى پاھىشىخانىلارنىڭ «ۋىترىنا»لىرىدا تىزىلىشى چاقچاق ئەمەس، رېئاللىق. ئاخبارات، ئېلان ۋە كۆڭۈل ئېچىش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئۇنىڭ بەدىنى كۈن بويى ئەرلەرنىڭ كۆز ئالدىدا خورلىنىدۇ. نەتىجىدە بىر ئەر ئۇنى بىرنەچچە قېتىم ئاشخانىدا ئۇچراتقانلىقى ياكى ئۇنىڭغا بىرقانچە دوللار خەجلىگەنلىكى ئۈچۈنلا ئۇنىڭ بەدىنىگە ئېرىشىش ھەققى بار دەپ قارىلىپ، ئايال ئۆزى بەدىنىنىڭ ئىگىسى بولالماي قالدى.
«جىنسىيەت پارتىلىشى» ئوتىدىكى ئايال: نيۇيورك شەھىرىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت رەئىسى 1997 – يىلى ئامېرىكىلىق ياشلارنىڭ %75 ى ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈشتىن بۇرۇن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغانلىقىنى، يالغۇز نيۇيورك شەھىرىدىلا ھەر يىلى 15 — 19 ياش ئارىلىقىدىكى 45 مىڭدىن كۆپ قىزنىڭ ھامىلىدار بولىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى(16).
1993 – يىلى ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوقۇۋاتقان ئاياللار ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتتا، %69.8 ئوقۇغۇچى قىز «خاھلىمىغان جىنسىي مۇناسىۋەت»كە «سۆز بىلەن مەجبۇرلاش»قا ئۇچرىغان!(17)
«پوستمودېرنىزم» دەۋرىدە «جىنسىي لىبېرالىزم» «پەرھىز» دەۋرىدىن كېيىنكى گۈل رەڭلىك ئايال چۈشىدىن، «ئىپپەت»، «ھايا» ۋە «ئائىلە» قىممەتلىرىنى «ئاتىلىق جەمئىيەت Patriarchal society»نىڭ مەھسۇلاتى دەپ يوق قىلىش ھەرىكىتى سەۋەبىدىن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىكى كىچىك قىزلارغىچە تەسىر كۆرسەتكەن ئەخلاقىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي قورقۇنچلۇق چۈشكە ئايلاندى.
«ئائىلە» ئۇقۇمى ھەققىدە: غەرب دۆلەتلىرى خرىستىيانلىقنى قوبۇل قىلغان ۋاقىتتىن تارتىپ20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ياۋروپادا ھۆكۈمران بولۇپ، ئايالنىڭ تالاق، مۈلۈك، مىراس ۋە مائارىپ قاتارلىق ھاياتىدىكى چوڭ ئاساسىي تەرەپلەردىكى ھەققىنى تارتىۋالغان قانۇن سىستېمىسى ئايالنى ئۆتمۈشتىكى ناھەقچىلىكتىن قوغداشنى نىشان قىلغان يېڭى قانۇنىي ئۇقۇملارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ ئايالنىڭ ھەقلىرىنى يۇتۇۋالغان كونا مۇئەسسەسەلەرنى يوق قىلىش ياكى نوپۇزىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈۋېتىشكە ئېلىپ باردى. شۇنىڭ بىلەن تەڭ مەسئۇلىيەتسىز ھايۋانسىمان جىنسىي مۇناسىۋەت «گۇناھ» دائىرىسىدىن چىقىرىۋېتىلدى. بۇنىڭغا ئىستېمالچىلىق خاھىشىنىڭ كۈچىيىشى، ئىقتىسادىي ئەندىزىلەرنىڭ مۇرەككەپلىشىشىدىن ئائىلىدىكى مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشنى ئەخلاقىي مەجبۇرىيەت دەپ قارايدىغانلارنىڭ يۈكى تېخىمۇ ئېغىرلاشتى.
يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى بىرلا ۋاقىتتا مەيدانغا كېلىپ، قانۇنىي يۈك، ئەخلاقىي مەجبۇرىيەت ۋە مالىي مەسئۇلىيەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان» نىكاھ مۇئەسسەسەسى«دىن ئەرلەرنىڭ كەڭ كۆلەمدە نەپرەتلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئەر ئاشنا تۇتۇشنى تاللىدى. چۈنكى، ئاشنا ئۇنىڭغا مەجبۇرىيەت ئارتمايدۇ، قانۇنىي ياكى ئەخلاقىي جەھەتتە ئۇنىڭغا خىراجەت قىلىشقا مەجبۇر ئەمەس. بۇ تۇرمۇش ئۇسۇلى يەنە ئەرنىڭ باشقا يېڭى ئايالغا قىزىققان ھامان ئاشنىسىنى ئالماشتۇرۇشىدا قانۇنىي ياكى ئەخلاقىي جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىك تۇيغۇسى بولماسلىقىنى كاپالەتلەندۈرەتتى!
ئاشنىدارچىلىقنىڭ ئاۋۇشى سەۋەبىدىن، تەسىرى كېڭىيىپ ئائىلە – نىكاھ مۇئەسسەسەسىگە ئېغىر زەربە ئۇردى. ئەرلەرنىڭ مەسئۇلىيەتتىن قېچىشى كەڭ تارقالدى، تالاق كۆپەيدى، نىكاھتا خىيانەت قىلىش ۋابادەك ئاۋۇپ كەتتى. ھەتتا 1988 – يىلدىكى بىر ستاتىستىكا ئەنگلىيەلىك ئەرلەرنىڭ %78 ى ئايالىغا خىيانەت قىلغانلىقىنى، ئامېرىكىدا بۇ نىسبەتنىڭ – 1965 يىلى 47% بولغانلىقىنى ئىسپاتلىدى(18).
«پوستمودېرنىزم» دەۋرىدە «ئائىلە» ماھىيىتى قۇرۇقدالغان «ئەرۋاھ»قا ئايلاندى، باغلىنىشىدىن ئايرىلدى. نەتىجىدە ئۇنىڭ بۆلەكلىرى چېچىلىپ، مارجان تىزمىسى چۇۋۇلۇپ، قەلبتە پاراكەندىلىك ۋە كۆز ئۇپۇقلىرىدا «قورقۇنچلۇق» قىسقىرىش قالدۇردى. شۇنىڭ بىلەن كىشى ئۆزىنى قۇرۇقلۇقتىن يىراق «ئارال» ھېس قىلىپ، ئۆزى بىلەن نەسەبى ۋە ئەۋلادى ئارىسىدىكى پىكىر ۋە ھېس – تۇيغۇ رىشتىلىرى ئۈزۈلگەندەك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدى.
ئەر – ئايال ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىيات مۇناسىۋىتى: غەربتىكى ئائىلە مىنىستىرلىقلىرىنىڭ پروگراممىلىرىنى تۈزىدىغان كۆپلىگەن فېمىنىستلار نىكاھ مۇئەسسەسەسىنى ئايالنى يوق قىلىش مۇئەسسەسەسى دەپ قاراپ ئۇنىڭغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان دەۋردە، ئۇلارنىڭ بىرى — ئاندرېئا دۋوركىن Andrea Dworkin — رومانتىك مۇھەببەتنى «ئايالنى يوق قىلىشنىڭ ئەپسانىۋى تەبرىكلىنىشى» ۋە «نىكاھ پەقەت قانۇن بىلەن يوللۇقلاشتۇرۇلغان زورلاش Legalized rape!!» دەپ جاكارلىدى(19).
ئىنسان ماھىيىتىنى ئىپادىلەيدىغان تەبىئىي ۋىجدانىي تۇيغۇ «پوستمودېرنىزم» دەۋرنىڭ فېمىنىستلىك تەسەۋۋۇرىدا «مەغلۇبىيەت» ماۋزۇسى ۋە «قۇللۇق» تامغىسىغا ئايلاندى!
مانا بۇ رەت قىلغۇچىسى «كونىچى» دەپ قارىلىدىغان ئىدىيە ۋە قىممەت – قاراش «رېئاللىقى». ئۇنداقتا بۈگۈنكى كۈندە «ئەقىل ئىگىسى» «كونىچى» بولۇشنى ياقتۇرمامدۇ؟!
ئۈچىنچىدىن، ئەستايىدىل ئېلىپ بېرىلغان ئىلمىي ستاتىستىكىلار رەت قىلغۇچىسى كونىچى دەپ قارىلىدىغان يېڭى ئىدىيەلەرنىڭ ھازىر شەخس ۋە ئائىلىنى كىشى ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن ئىنتىلىدىغان چوققىلىرى بولمىغان قىممەت قاراش ۋەيرانلىقى «جىلغىسى»غا باشلاۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئەخلاق ۋابالىرى، ئەندىشە كېسەللىكلىرى، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش، جىنسىي بۇزۇقچىلىق، جىنسىي بىنورماللىق ۋە ئەجەللىك كېسەللەر تارقالدى. ئىنساننىڭ ئىنسانىيلىقىنىڭ يادروسى ۋە ئەسلىيىتىدىن ئايرىلىشىدىن كېلىپ چىققان بۇ چۈشكۈنلۈك رېئاللىقىغا قارىتا، غەرب رېئاللىقى ۋە ئۆزگىرىشلىرىنى كۆزەتكۈچىلەرگە مودېرنىزمدىن بۇرۇنقى دەۋردە غەربتە يۇقىرى ئورۇندا تۇرغان ئەخلاقىي مۇھاپىزەتكار تۈزۈملەرنىڭ شەخس، ئائىلە ۋە جەمئىيەت ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى، نەتىجىلىك ۋە پايدىلىق بولغانلىقى ئايدىڭلاشتى(20). ئۇنداقتا كىشى پەقەت بۇزۇقنىڭ «يېڭى»، پايدىلىقنىڭ ئۆتۈپ كەتكەن «كونا» بولغانلىقى ئۈچۈنلا، ھەقىقەتلەرگە قارشى چىقىپ، پېتىپ كەتكەنلەرگە يېقىنلىشىپ، يول كۆرسەتكۈچى پايدىلىقنى تاشلاپ زىيانلىق بۇزۇقنى تۇتسا بولامدۇ؟!!
تۆتىنچىدىن، يالىڭاچلىشىشكە چاقىرىشمۇ كونىچىلىق ۋە ئايالنىڭ خاھلىغىنىنى قىلىش ئەركىنلىكىنى ئۇلۇغلايدىغان ئېپىكۇرچىلىق(21)، مەزدەكىيلىك(22) قاتارلىق قەدىمكى مەدەنىيەتلەر ۋە پەلسەپەلەر تۇتقان يولغا قايتىشقا چاقىرىشتۇر. ئۇ «ئىجادىيەت» بالىياتقۇسىدىن ئەمدىلا چىققان يېڭى چاقىرىق ئەمەس!
بۇ يەردە بىزگە ھىجابنى ئىنكار قىلغۇچىلار ۋە يالىڭاچلىشىشقا چاقىرىدىغانلارنىڭ ئايالنى يالىڭاچلىنىش چاقىرىقى قەدىمكى مەدەنىيەتلەرگە تەقلىد قىلىش يۈزىسىدىن ئەمەس، بەلكى بۇ پىكىرلەرنىڭ توغرىلىقىغا قوشۇلغانلىقتىن چاقىرىدۇ دەپ قارشى چىقىشى توغرا ئەمەس. چۈنكى، بىزمۇ: «بىز ئايالنى ھىجابقا رىئايە قىلىشقا پەقەت ئىلگىرىكى ئۈممەتلەر ياكى ئالدىنقى مۇسۇلمان ئەۋلادلار شۇنداق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇ ئالەملەرنىڭ رەببىدىن كەلگەن ھەقىقەت بولغانلىقى ئۈچۈن چاقىرىمىز!» دەيمىز.
بەشىنچىدىن، ۋەھشىي مۇستەملىكىچىلىك تارىخقا ئىگە فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزى ئىسلامىي «ھىجاب» ھەققىدە ئاچچىق سۆزلەرنى قىلىپ، قەبىھ ئىددىئالارنى قىلدى. ئۇ ئىسلامنى ئايالنى ئەركىنلىك شامىلىغا يېقىنلىشىشتىن چەكلەش كېرەك بولغان «ئەۋرەت»لا دەپ قارايدۇ ۋە زامانىۋى ئايالنىڭ «يۈكسەك» (!) غەرب ئۈلگىسىگە زىت دېدى. ئۇ ئۈلگە «ئىنسانىيەت» يەتكەن (!) «ئەڭ يۇقىرى پەللە»نى ئىپادىلەيدىغان غەرب پىكىر ۋە قىممەت قاراش سىستېمىسىنىڭ ئايرىلماس ماھىيىتىدىن بولۇپ، ئايال ھەرقانداق جايدا ئۇنى قوبۇل قىلىش ۋە ئۇنىڭغا چىڭ ئېسىلىشتا ئىككىلەنمەسلىكى كېرەك ئىكەن؟!!
لېكىن، ساركوزى ئۆز ئىچىدە مەدەنىيەت «ۋەيران قىلغۇچى» ۋە چەكتىن ئاشقان قىسقارتىشنىڭ(23) مەۋجۇت بولغان «پوستمودېرنىزم» دەۋردىكى ياۋروپا مەدەنىيىتىنىڭ ئىسلامنىڭ دۇنيانى ئاخىرەت بىلەن، ۋاقىتلىقنى مۇتلەق بىلەن باغلايدىغان ئىمانىي تەسەۋۋۇر سۈپىتىدە ۋە قىسىملىرى بىلەن زىچ ۋە ماسلاشقان ئىدېئولوگىيەلىك يىلتىزلارغا ئىگە ماددىي ئەمەلىيىتى ئالدىدا قارشى تۇرالمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ. شۇڭا، ئۇ ئەينەن قىلىپ: «ياۋروپانىڭ ئىسلاملىشىشى ساقلانغىلى بولمايدىغان ئىش!! l’islamisation de l’Europe est inéluctable»([24^]) دېدى.
ھىجابنى كونىچىلىققا باغلاش ۋە شۇ سەۋەپتىن ئالاھىدە چەكلەش قانۇنى چىقىرىپ، ھىجابلىقلارنى مەكتەپكە بېرىشتىن چەكلەۋاتقان ساركوزى ئىددىئالىرى سالماق ئەقلىي مۇۋازىنەتتىن كەلگەن مەۋقە بولماستىن، بەلكى قاتماللىقتىن شەكىللەنگەن پسىخىك توسالغۇدىن ئىبارەت. بولمىسا بۇ دىننى غەرب خەلقىگە يەتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالىدىغان سىياسىي گەۋدە يوق بولغان ئەھۋالدا، ياۋروپانىڭ ئۆزىدە بۇ دىننىڭ ئۈستۈنلۈكى ۋە جەلپ قىلىش كۈچى رېئاللىقى بىلەن ئىسلام شەرىئەتلىرىنى زۇلمەتلىك دەپ تەسۋىرلەشنى قانداقمۇ بىرگە دېگىلى بولسۇن؟!!
بۇ ئېيتىمدىكى ئىككى يۈزلىمىچىلىك قوش ئۆلچەمدىن ئىبارەت. بۇ ئاخبارات ئارقىلىق ئاۋامغا قارىتىلغان بۇرمىلاش ۋە بىخۇتلاشتۇرۇش ئېيتىمى .شۇنداقلا بۇ دىننىڭ ياۋروپادىكى كونىرىغان شەخسىي ۋە جامائەت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن چارىلەرنى سۇنۇش كۈچىنى — قىسمەن بولسىمۇ — تونۇشتىن كەلگەن ئاگاھلاندۇرۇش ئېيتىمىدۇر!
ياۋروپادا بۈگۈنگىچە «شەرەپلىك» قەدىمىي مىراس ۋە «فرانسىيە ئىنقىلابى»نىڭ شان – شەرىپى بىلەن ئۇخلاپ ئويغىنىدىغان، باشقا ياۋروپا مەدەنىيەتلىرى بىلەن ئالاقە قىلالمايدىغان، ئامېرىكا مەدەنىيەت ئۈلگىسىدىن قورقىدىغان تار «گېتتو»دا ياشاۋاتقان خەلقى بار دۆلەت باشلىقىدىن چىققان بۇ پىكىر ۋە پوزىتسىيەلەر ھەيران قالارلىق ئەمەس(25).
ئىككىنچى شۈبھە: «ھىجاب» ئايالنىڭ ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلىشتۇر
قارشى چىققۇچى مۇنداق دەيدۇ: «ئىسلام ئايالنى خارلايدۇ، ئۇنىڭ قەدرىنى چۈشۈرىدۇ ۋە ئۇنى تۈرلۈك ئىشلاردا تۆۋەن كۆرىدۇ. ھەتتا ئۇنى كۆزلەر قاراشتىن يىرگىنىدىغان ئەۋرەت دەپ قارايدۇ، شۇڭا ئەرلەرنىڭ كۆزىدىن چەكلەش كېرەك ئىكەن!!!»
«قۇرئان ﴿مۇئمىنەلەرگە ئېيتقىنكى، نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن! ئەۋرەتلىرىنى ياپسۇن! زىننەتلىرىدىن سىرتتىن كۆرۈنگەندىن باشقىنى ئاشكارىلىمىسۇن! لېچەكلىرى بىلەن كۆكرەكلىرىنى ياپسۇن! زىننەتلىرىنى ئەرلىرىدىن، ئاتىلىرىدىن يا قېيىنئاتىلىرىدىن؛ ئوغۇللىرىدىن، ئەرلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن؛ ئۆز قېرىنداشلىرىدىن، قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن يا ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن؛ دىنداش ئاياللاردىن، قول ئاستىدىكى چۆرىلىرىدىن يا خوتۇنلارغا ئېھتىياجى يوق خىزمەتچىلەردىن ۋەيا بالاغەتكە يەتمىگەن بالىلاردىن باشقىلارغا كۆرسەتمىسۇن! يوشۇرغان زىننەتلىرىنىڭ بىلىنىشى ئۈچۈن ئاياغلىرىنى يەرگە ئۇرمىسۇن! ئى مۇئمىنلەر! بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ھەممىڭلار ئاللاھقا تەۋبە قىلىڭلار﴾(24/«نۇر»: 31) دېگەن سۆزى بىلەن ئايال كىشىنى كەمسىتىدۇ».
جاۋاب:
بىرىنچىدىن، ئەگەر ئايال كىشى ھىجاب كىيسە قارشى چىققۇچىلار دەپسەندە قىلىنىشىدىن قورقۇۋاتقان ئايالنىڭ ھۆرمىتى نېمە؟!!
ئايالنىڭ ساقلىنىشى كېرەك بولغان ھۆرمىتى ئۇنىڭ يالىڭاچلىنىش، گۈزەللىكلىرىنى ئېچىش، ئەرلەرنىڭ غەرەزلىرىگە قوزغاتقۇچى تىل بىلەن خىتاب قىلىش ھوقۇقىنى ئىسپاتلاشمۇ؟!
ئۇنىڭ ھۆرمىتىنىڭ ماھىيىتى ئۆزىنىڭ ۋاقتىنى ياسىنىش، ئەتىر چېچىش ۋە چاچ ياساش، كىيىم – كېچەكنىڭ يېڭى مودىلىرىنىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈش بىلەن ئۆتكۈزۈپ، يول – كوچا ۋە ئاممىۋى سورۇنلاردا ئەرلەرنىڭ بوينىنى تولغىتىشمۇ؟!
ئۇنىڭ ھۆرمىتىنىڭ پوسكاللىسى ئۇپا – ئەڭلىكىگىلا، كىيىملىرىنىڭ رەڭلىرىگىلا جۇغلىنامدۇ؟؟!
ئۇنىڭ ھۆرمىتى كۆزلەرنى مەپتۇن قىلىدىغان نەرسىنى ئىزدىگۈچىلەر پەيز سۈرىدىغان ياشلىق گۈزەللىكىمۇ؟!
قارشى چىققۇچى قايسى ھۆرمەت ھەققىدە سۆزلەۋاتىدۇ؟!
ئايالنىڭ ئىنسانىيلىق ھۆرمىتى، ئەقلىنىڭ ھۆرمىتى قەيەردە؟!
ئانا بولغان ئايالنىڭ قەدىر – قىممىتى قەيەردە؟!
ئۇلار ئۈچۈن مەسىلىنىڭ يىلتىزى «يا پىتنىچىلەر دېگەننى ئاڭسىز تۇتىدەك تەكرارلاش، يا ئاڭلىق ۋە پىلانلىق مالايلىق»تىن ئىبارەت ئىككىنىڭ بىرىدىن باشقا نەرسە ئەمەستۇر.
«ئايال كىشىگە ياردەم قىلىمىز» دەۋالغان بۇلار ھىجابقا ئايالنىڭ تاللاش ھوقۇقىنى باستۇرىدىغان، ئۇنى خاھلىمىغان ئىشنى قىلىشقا مەجبۇرلايدىغان نەرسە دەپ قارشى چىقىپ كەلدى. فرانسىيە بېشىنى رەخت پارچىسى بىلەن ياپقان قىزنى — ئۇ مۇقەددەس زات ۋە قاتتىق قەسەملەر بىلەن ھىجابنى قانائەت، ئىشەنچ ۋە مۇھەببەت بىلەن كىيگەنلىكىگە قەسەم قىلسىمۇ — مەكتەپ ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلاردا بىلىم تەلەپ قىلىشتىن چەكلەپ ھىجابقا دۈشمەنلىكىنى جاكارلىغاندا، ئايالنىڭ «ئەركىنلىك» ۋە «تاللاش» ھوقۇقىغا چاقىرغۇچىلار سۈكۈت قىلدى. ئۇنداقتا ئۇلار قوغدايدىغان ۋە — ئۇلارنىڭ دەۋاسى بويىچە — «قاراڭغۇلۇقچىلار»(26)نىڭ دۈشمەنلىكىدىن ساقلايدىغان «ئايالنىڭ ھۆرمىتى» قەيەرگە كەتتى؟ ئۇلارنىڭ نەزەرىدە ئايالنىڭ بېشىنى يېپىش ھوقۇقى ئۇنىڭ ئىنسانىي ھۆرمىتىنىڭ بىر قىسمى ئەمەسمۇ؟! ياكى ئايالنىڭ ھۆرمىتى «ئورىنىش» بىلەن ئۇچراشمامدۇ ۋە پەقەت «يالىڭاچلىق»قا باغلانغانمۇ؟!!
سېربلار كوسوۋادا مۇسۇلمان ئاياللارنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇلارنى بالىلىرىنىڭ ئالدىدا توپلىشىپ زورلىغاندىن كېيىن بوغۇزلىغاندا… بەزىلىرىنىڭ قورسىقىنى يېرىپ ئىچىگە ئىتنىڭ قورسىقىدىكى بالىلىرىنى سالغاندا… يۇرتىمىزدا ئىسلامىي ھىجابتىن — ئۇلارنىڭ دەۋاسى بويىچە — دەپسەندە قىلىنغان «ئايال ھۆرمىتى»نى قوغدايدىغانلار قەيەردە ئىدى؟!(27)
مۇسۇلمان ئايالنىڭ ھىجاب كىيىشى ئۇنىڭ ھۆرمىتىنى «ئۆلتۈرىدىغان» ئىشمۇ… ئەمما بىر ئايالنى ئونلىغان كىشىنىڭ زورلىشى قىممىتىنى ئازراقمۇ تىرنىمىغانلىقى ئۈچۈن قارىلىدىغان ئىشمۇ؟!
رەببىڭلار بىلەن قەسەمكى، قانداق پاكىت بىلەن سۆزلەيسىلەر؟
ئايالنىڭ بەدىنىنى يېپىش ھوقۇقى ئۇنىڭ شەنىنى چۈشۈرىدىغان ئىش… ئەمما ئۇنى شامپۇ، سوپۇن، ماشىنا چاقى، ئۈستىرا، چىش مەلھىمى ۋە ئاشخانا ئەسۋابلىرىنىڭ ئېلانلىرىدا بېشىدىن پۇتىغىچە گۈزەللىكلىرى بىلەن ئەرلەرنىڭ كۆزلىرىنى قوزغىتىشتا ئىشلىتىش ئايال شەنىگە ھېچقانداق تەسىر قىلمامدۇ؟!!!
بۇ قانداق سىڭايان تارازا؟!
ئايالنىڭ بەدىنىنى يېپىشى ئۇنىڭ شەنىگە تەسىر قىلىدىغان ئىش… ئەمما 18 ياشلىق قىزنى ئېغىرلىقى مۇنچە جىڭ، بېلىنىڭ ئۆلچىمى مۇنچە سانتىمېتىر، بوي – ئەنلىكى مۇنچە – مۇنچە بولۇشى ئۈچۈن قاتتىق «پەرھىز»گە مەجبۇرلاپ قۇل قىلىش… يېڭى كىيىم – كېچەك كۆرسىتىش سەھنىسىدە يۇپقا كىيىملەرنى كىيىپ قارىغۇچىلارنىڭ ھەۋىسىنى قوزغىشى… ئۇ ئۇنىڭ شەنىگە ھېچقانداق تەسىر قىلمامدۇ!!
ئايالنىڭ شەنى ئۇنىڭ كىچىكلىكىدە ياخشى ئائىلە قوينىدا ھەق ۋە ياخشىلىققا تەربىيىلىنىشى… مۇئمىن، ياخشى ئەر بىلەن تۇرمۇش قۇرۇشى… بالىلىرىنىڭ بۇزۇقچىلىق خەتەرلىرىدىن قوغدىلىشى… ۋە بۇلارنىڭ جەريانىدا پايدىلىق ئىلىم بۇلىقىدىن سۇغىرىلىپ، كىشىلەرنى ياخشى ئەمەلگە چاقىرىشىدۇر!
ئايالنىڭ شەنى ئۇنىڭ پىتنىگە چۈشۈشتىن توسۇلۇشى ۋە پىتنە قورالى قىلىنماسلىقىدۇر!
ئايالنىڭ شەنى ئۇنىڭ رەببىگە ئوچۇق كۆز بىلەن ئىبادەت قىلىشى… ئەۋرەتلىرىنى ئېچىش ھوقۇقى شوئارى ئاستىدا ئاخىرەتتە ھالاكەتكە ھەيدەلمەسلىكىدۇر!
ئىسلامغا ھىدايەت تاپقان داڭلىق مۇخبىر ئەنگلىيەلىك ساچلىرى سېرىق ئىۋون رىدلېي Yvonne Ridley بۇ دەۋانى يوققا چىقىرىشتا نېمە دېگەن ياخشى ئېيتقان: «ئىسلامدا ئۈستۈنلۈك گۈزەللىك، بايلىق، كۈچ، مەرتىۋە ياكى جىنسىي بىلەن ئەمەس، تەقۋادارلىق بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ.
ماڭا ئېيتىڭ، قايسىسى ئازاد قىلىشقا تېخىمۇ مايىل: يوپكىڭىزنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە ئوپېراتسىيە بىلەن چوڭايتقان مەيدىڭىزنىڭ چوڭلۇقىغا قاراپ باھالىنىشمۇ، ياكى خاراكتېرىڭىز، ئەقلىڭىز ۋە زېھنىڭىزگە قاراپ باھالىنىشمۇ؟
يۇمشاق ژۇرناللار بىزگە ئايال سۈپىتىدە، ئەگەر بىز ئېگىز بويلۇق، ئورۇق ۋە گۈزەل بولمىساق، سۆيۈلمەيمىز ۋە خاھلانمايمىز دەيدۇ.»(28)
ئاندىن – ئەكسىچە – ئىسلام ئەرنى كىندىك بىلەن تىزى ئارىسىنى يېپىشقا، ساقال قويۇشقا، ئاياللار بىلەن ئارىلاشماسلىققا ۋە مەھرەملىرىدىن باشقىلار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەسلىككە بۇيرۇيدۇ… نېمىشقا بۇ ھۆكۈملەر ئۇنىڭ شەنىنى خارلايدۇ دېيىلمەيدۇ؟!! ياكى پەقەت ئايالنىڭ كىيىم ۋە قىلىقلىرىدىكى ھۆكۈملەرلا گۇمان ئوبيېكتىمۇ!!
ئىككىنچىدىن، غەربنىڭ ئايال ئۈلگىلىرى ئۇنىڭ قىممىتىنى كۆتۈرىدىغان شەننى ۋە بەخت – سائادىتىنى ئەمەلگە ئاشۇردىمۇ؟
رەقەملەر تىلى بىلەن جاۋاب بېرەي: ئامېرىكىنىڭ رەسمىي ئىشخانىلىرىدىن بىرى 2007 – يىلى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدىكى ئايالنىڭ ئىگىلىگەن خىزمەتلىرى توغرىسىدىكى ستاتىستىكىدا بىزگە مۇنداق دەيدۇ:
سېكرېتارلىق ۋە باشقۇرۇش ياردەمچىلىكىدە ئىشلەيدىغانلارنىڭ %96.7 ى ئايال!
دۇكانلاردىكى ھېسابچىلارنىڭ %75.6 ى ئايال!
ئاشخانىلاردىكى ئوفىتسانتلارنىڭ %74 ى ئايال!
كۈتۈۋالغۇچىلارنىڭ %93 ى ئايال!
خېرىدار مۇلازىمەتچىلىرىنىڭ %68.5 ى ئايال!
خىزمەتچى ۋە تازىلىق ئىشچىلىرىنىڭ %89.2 ى ئايال!
چاچ ياسىغۇچى ۋە گۈزەللەشتۈرگۈچىلەرنىڭ %92.9 ى ئايال!(29)
يەنە بىر قېتىم ئىۋون رىدلېي بىزگە مۇنداق دەپ جاۋاب بېرىدۇ: «ئىسلام كەلگەنگە قەدەر ئاياللار تۆۋەن مەخلۇقلار دەپ مۇئامىلە قىلىناتتى. ھەقىقەتتە، بىز ئاياللارنى ھازىرمۇ غەربتە ئەرلەرنىڭ ئۆزلىرىنى ئايالدىن ئۈستۈن دەپ قارايدىغان قارىشىدىن ئازاب چېكىۋاتىمىز. بۇنى تازىلىق ئىشچىلىرىدىن تارتىپ باشقۇرۇش كېڭىشىدىكى ئاياللارغىچە بولغان مائاش ۋە ئۆستۈرۈش سىستېمىلىرىدا كۆرگىلى بولىدۇ.
غەرب ئاياللىرى ھازىرمۇ مال سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىنماقتا. جىنسىي قۇللۇق يۇقىرى پەللىگە چىققان، گەرچە رېكلاما دۇنياسى ئارقىلىق ئاياللارنىڭ تېنىنى سېتىشتا ماركېتىنگ كىنايىلىرى بىلەن يوشۇرۇنغان بولسىمۇ. ئىلگىرى ئېيتقىنىمدەك، بۇ جەمئىيەتتە زورلاش، جىنسىي خارلاش ۋە ئايالغا قارشى زوراۋانلىق نورمال ئىش. بۇ جەمئىيەتتە ئەر – ئايال تەڭلىكى پەقەت ئالدامچىلىق. بۇ جەمئىيەتتە ئايالنىڭ كۈچى ياكى تەسىرى كۆپىنچە مەيدىسىنىڭ چوڭلۇقى بىلەن باغلىق.»(30)
غەرب دۆلىتىدىن كەلگەن گۇۋاھچى گۇۋاھلىق بەردى..! بەزىلەرگە (قاتتىق) كۆرۈنىدىغان ئىبارىلىرى ئۈچۈن ھېچكىم ئۇنى ئەيىبلىمىسۇن. چۈنكى، بۇ «جاسارەتلىك» «زىيالىي» ئايالنى «نەرسىگە ئايلاندۇرۇش» ۋە ئۇنىڭدىكى ئاياللىق قىممىتىنى «جىنسىي دائىرە»نىڭ سىرتىدا يوق قىلىشنىڭ ئوتىدا كۆيگەن!
ئۈچىنچىدىن، ھىجاب ھەققىدىكى روھىي پوزىتسىيەسى: ئۇ ئۇنىڭ ئىنسانىيلىقىنىڭ قەبرىسىمۇ ياكى ئىنسانىيلىقىنىڭ مېراجىمۇ، دەپ ھەقلىق سورىلىدىغىنى لىبېرالىستلار ۋە خرىستىيانلاشتۇرغۇچىلارنىڭ تىلىدا ئېيتىشقا (ياخشى!) دەپ تەلقىن قىلىنغان سۆزلەر ئەمەس، بەلكى ئايالنىڭ ئۆزىدۇر(31). مانا غەرب تەشكىلاتى The Gallup Organization 2005 – يىلى «ئايال نېمىنى خاھلايدۇ: مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىش What Women Want: Listening to the voices of Muslim Women» دېگەن تېمىدا ئېلىپ بارغان ستاتىستىكىدا مۇسۇلمان ئايال قەۋم ئۇنىڭدىن خاھلىمىغان نەرسىگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ… سەككىز دۆلەتتىكى 8000 ئايالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ ستاتىستىكىدا ھىجاب ۋە نىقاب بىزدىكى غەربلەشتۈرگۈچىلەر ئېيتقاندەك زۇلۇمنىڭ كۆرۈنۈشلىرىدىن سانالمىغان. سورالغان ئاياللارنىڭ كۆپىنچىسى غەرب مەدەنىيىتىدە ئۇلارنى ئەڭ بىئارام قىلىدىغىنى قىممەت قاراش بۇزۇقچىلىقى ۋە ئەخلاقىي چېكىنىش دېيىشنى تاللىغان(32).
شۇنداقلا غەربتە ھىجابلىقلارغا قىلىنغان بېسىمدىن نارازى بولۇش ئەھۋالى، ئىسلامىي كىيىمگە قىلىنغان بېسىمغا قارشى چىقىش ھەرىكەتلىرىنى باشلىغۇچىلار مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ئۆزى، كۆپىنچىسى ياش قىزلار ۋە ئۇلارنىڭ ئىچىدە غەربلىك مۇسۇلمانلارمۇ بارلىقىغا گۇۋاھلىق قىلىدۇ… ئۇنداقتا ھىجاب قانداقمۇ ئايال رېئاللىقىدا خارلاش ياكى ئېغىر كىشەنلەر بەلگىسى بولسۇن؟! قەيەردە بۇ دەۋا قىلىنغان قىيىنچىلىق؟!! قەيەردە ئايال ھوقۇقىغا تاقاق سېلىش دەۋاسى!!! بۇ ۋەھىمە سودىسى، بوشاڭلىق زاپىسى بولغان پىكىرلەر!
ھىجابقا ئايالنى خارلاش بەلگىسى دەپ قارايدىغان دۈشمەنلىك مايىللىقى پەقەت جاھالەت ۋە «پروگراممىسى ھەق تۆلەنگەن» پىكىرلىك مۇئەسسەسەلەرگە بويسۇنغان ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مەجبۇرلىغان «ئىشلەپچىقىرىلغان» ۋە «قۇتىلانغان» پىكىرلەش شەكىللىرىگە بويسۇنۇشنىڭ مەھسۇلاتلىرىدىن بىرى خالاس. كانادالىق مۇسۇلمان يازغۇچى كاترىنا بۇللوك Katherine Bullock دوكتورلۇق تېزىسىنىڭ ئەسلى بولغان، ھىجابنى قوغدىغان، غەرب خىتابىنى پارچىلىغان ۋە ئۇنىڭ توقۇلما دەۋالىرىنى يوققا چىقارغان » Rethinking Muslim Women and the Veil: Challenging Historical and Modern Stereotypes» كىتابىنىڭ مۇقەددىمىسىدە بۇنى ئېتىراپ قىلغان:
«1991 – يىلى تېخى تېلېۋىزوردا ھىجابقا قايتقان تۈرك ئاياللىرى ھەققىدىكى خەۋەرنى كۆردۈم. ئۇلارغا قاراپ چۆچۈپ كەتتىم ۋە قايغۇردۇم. ئۆز – ئۆزۈمگە: ‹بىچارىلەر، مەدەنىيىتى ئۇلارنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇۋەتكەن› دېدىم. مەن — كۆپىنچە ياۋروپالىقلاردەك — ئىسلامنىڭ ئاياللارغا زۇلۇم قىلىدىغانلىقىغا ۋە ھىجابنىڭ ئۇلارنى زۇلۇم قىلىشنىڭ رەمزى ئىكەنلىكىگە ئىشىنەتتىم. تۆت يىل كېيىن ئۆزۈمنىڭ دۇكاننىڭ ئەينىكىدە ئاشۇ ‹زۇلۇمغا ئۇچرىغان› ئاياللارنىڭكىگە ئوپمۇئوخشاش كىيىم كىيىپ تۇرغانلىقىمنى كۆرگىنىمدىكى ھەيرانلىقىمنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ. ماگىستىرلىق مەزگىلىدە روھىي سەپەرگە چىقتىم. تۆت يىلدىن كېيىن نەتىجىسى ئىسلامنى قوبۇل قىلىش بولدى. بۇ سەپەر ئىسلامنى يامان كۆرۈشتىن ھۆرمەتلەشكە، ئاندىن قىزىقىشقا، ئاندىن قوبۇل قىلىشقا بولغان كۆچۈشۈمنى ئۆز ئىچىگە ئالدى»(33).
بۇ «سۇسلاشتۇرۇلغان ھۈجەيرىلەر» بىلەن پىكىر قىلىشتىن «كۆرگۈچى ئەقىل» بىلەن پىكىر قىلىشقا يۆتكىلىشتۇر!!
ئۈچىنچى شۈبھە: ھىجاب ياقتۇرۇلمايدىغان قاتماللىقتۇر
«ھىجاب قاتماللىق، مۇتەئەسسىبلىك، كىيىم – كېچەكتە چېكىدىن ئاشقانلىق، ئۆزىنى قىيناش ۋە قىيىنچىلىق ھەم ئازاب – ئوقۇبەتنىڭ تار يوللىرىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇش». مانا بۇ ھىجابقا قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ تىلى. ئۇلار ھىجابقا ئۆچمەنلىك بايرىقىنى تىكلەيدۇ. ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدە توغرىلىق بارمۇ؟ بۇ سۆزلەر ئېتىبارغا ئېلىشقا ئەرزىمدۇ؟
جاۋاب:
بىرىنچىدىن، مۇنداق دېيىلگەن: «بىرنەرسە ھەققىدە ھۆكۈم قىلىش ئۇنى چۈشىنىشنىڭ نەتىجىسىدۇر». بىرنەرسىنى چۈشەنمەي تۇرۇپ ھۆكۈم قىلىش پۈتۈنلەي خاتا. ئۇنى ھەقىقىي ماھىيىتىدىن باشقىچە چۈشىنىپ ھۆكۈم قىلىش ھەقىقەتتىن چەتنەشتۇر!
ھەقىقىي ئەھۋال، گۈزەللەشتۈرۈش ياكى كەمسىتىش ۋە بۇرمىلاشتىن يىراق ھالدا مۇنداق: رەببىگە يۈزلەنگەن بىر قىز، قۇرئان ۋە ياراتقۇچىسىدىن يەتكۈزگۈچى پەيغەمبەرنىڭ سۈننىتىنى ئوقۇپ؛ ئىسلامنىڭ ئايالنى ھىجابقا بۇيرۇيدىغانلىقىنى، ئۇنى گۈزەللىكلىرىنى شەرىئەت بەلگىلىگەن چەك – چېگرا بويىچە يېپىشقا چاقىرىدىغانلىقىنى، ئويۇن – تاماشا ۋە بۇزۇقچىلىق سورۇنلىرىدىن يىراق تۇرۇشقا، ئەرلەر بىلەن ئارىلاشماسلىققا بۇيرۇيدىغانلىقىنى بايقىغان… ئاندىن كېيىن، ئۇ دۇنيانىڭ ھالال نەرسىلىرىدىن خاھلىغىنىنى ئالىدۇ، ئۆيىدە ۋە ئېرىنىڭ ئالدىدا خاھلىغان چىرايلىق ۋە يېڭى كىيىملەرنى كىيىدۇ، ئاياللار سورۇنلىرىدا چىرايلىق كىيىم – كېچەك ۋە زىبۇزىننەتلەر بىلەن زىننەتلىنىدۇ، بۇ پىتنە – پاسات، تەكەببۇرلۇق ۋە داڭق – شۆھرەتپەرەسلىككە يول ئاچمىسىلا ھېچقانداق ئەيىب ئەمەس… ئۇنىڭغا نېئمەت مەنبەلىرىدىن پايدىلىنىش ئىشىكلىرى ئېچىلغان، بۇ جەھەتتە پەقەت ئەرلەرنىڭ ھەۋەسلىرىنى قوزغايدىغان كىيىملەردىنلا چەكلەنگەن… ئەمدى نەدە قاتماللىق ۋە نەدە تەرسالىق؟!
ھىجابلىق ئاياللارغا قارشى تۇرغۇچىنىڭ ئاغزىدىن چىققان بۇ ئورۇنسىز سۆزلەر ھېچقانداق دەلىل – پاكىتقا ئىگە ئەمەس. ئەكسىچە، بۇ سۆزلەر ھىجابنىڭ ماھىيىتىنى ۋە تەقۋادار ئايالغا بولغان تەسىرىنى چۈشىنىشتە ناھەقچىلىك بىلەن تولغان!
ئاندىن بەدىنىنى ئىپپەت لىباسى بىلەن ياپقان ئايالنى ئىنكار قىلغۇچىنىڭ ئەقلىنى غەربنىڭ پىكىر ۋە ھەرىكەت ئۇسۇللىرى ئىگىلىۋالغان. ئۇ ئايالنى پەقەت ئارىلىشىش، ئويۇن – تاماشا ۋە بىھۇدىلىك سورۇنلىرىدىلا كۆرىدۇ. ئۇ ئايالنى پەقەت شەھۋەتلەرگە بېرىلگەن، ئاشكارا – يوشۇرۇن پىتنە ئوقلىرىنى چاچقان ھالەتتىلا ياقتۇرىدۇ… ئۇ ئايالنى نامازغا يۈزلەنگەن، كىتاب دولقۇنلىرى ئارىسىدا ئۈزگەن ياكى ھەقىقەتنى يەتكۈزۈش ئورنىدا جاكارلىغان ھالەتتە كۆرمەيدۇ!
بۇ مۇسۇلمان ئايالنىڭ رېئاللىقىغا غەرب تۇرمۇش ئۇسۇلىنى سىڭدۈرۈشتۇر… ئەمما، ئۇلار بىرلىشەلمەيدۇ، ئارىلىقتىكى توسالغۇ شۇنچە چوڭكى، ئۇلار بىرلىشەلمەيدۇ… ئىنكار قىلغۇچى توپا بىلەن ئالتۇننى بىرلەشتۈرۈشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلگەندە، ئۇنىڭ پىكرى مۇسۇلمان ئايالنىڭ كىملىكىنىڭ بەلگىلىرىنى ئۆچۈرۈشكە باشلىدى، تاكى ئۇ ئايالنى يوقىتىشنى خاھلايدىغان غەربنىڭ «قېلىپى»غا ماس كەلگۈچە!
ئەگەر بۇ قارشى تۇرغۇچى كۆزى ئوچۇق ۋە ئادىل بولغان بولسا، غەرب ئۇسلۇبىنى ئوتتۇراھاللىق ۋە ئەقلىي پىشىپ يېتىلىش ئۆلچەملىرى بويىچە باھالىغان بولاتتى. لېكىن ئۇ بۇنداق قىلمىدى، ئەكسىچە مۇسۇلمان ئايالنى ئۆز قەدرىنى تۆۋەنلىتىپ، ياخشىلىق قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ھۆرمەتلىك «ئىنسانىيلىق»نى قۇتراپ كەتكەن ئەرلەرنىڭ «قۇربانلىق سۇپىسى»دا تۆكۈش ئۈچۈن ئۆيىدىن چىقىشقا ئۈندىدى… ھىجابلىق ئايال پاكلىق نۇرىدىن يوشۇرۇنۇشنى رەت قىلغاندا، ئۇنى پاكىز ھالالدىن يىراقلىشىشتا مۇتەئەسسىب ۋە تەكەللۇپ قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى… ئۇ قايسى ھالالنى دەۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇ قايسى پاكلىقتىن چەكلەنگەنلىكىنى بىزگە دەپ بەرسۇن!
بۇلار ئىنكار قىلىشقا «پروگراممىلانغان» ئەقىللەردۇر… ئۇلار ئۆز بايانلىرى تىللىرىدىن چىققان دەپ ئويلايدۇ… ئەمەلىيەتتە ئۇلار — بىلسە ئىدى — دۇنيانى ئۆز كۆزى بىلەن ئەمەس، باشقىلارنىڭ نەپسى – خاھىشلىرىغا ماس كەلگەننى ياخشى كۆرىدۇ!
ئىككىنچىدىن، قارشى تۇرغۇچى ئۆزى پىكىر سۈتىنى ئېمىۋاتقان غەرب، ئىبادەتخانىلارنىڭ ھىجابى كەينىگە يوشۇرۇنغان ۋە ئۆزىنى ھاياتنىڭ گۈزەل نەرسىلىرىدىن چەكلىگەن خرىستىيان ئايالنى، قىيامەت كۈنى مەسىھنىڭ (ئۇنىڭ «ئىلاھى» ۋە «ياراتقۇچىسى»!!) كېلىنى بولۇش(34) دېگەن قوپال خام خىيالنىڭ تەمەسىدە؛ جىنايەتچى ياكى تەبىئىي ھەۋەسلىرىگە خائىنلىق قىلغۇچى دەپ قارىمايدۇ… ئەكسىچە ئۇنى ئۆز پىكرىگە ماس كەلگەن كىيىم – كېچەك ۋە تۇرمۇش ئىشلىرىنى تاللىغان ئايال دەپ قارايدۇ… بىزنىڭ دىنىمىزدا بولسا بۇزۇقچىلىققا ئېلىپ بارمايدىغان بارلىق ھالال لەززەتلەرنىڭ ئىشىكى ئوچۇق تۇرسىمۇ، ئايال قاتماللىق ۋە تەكەللۇپ ئوقلىرى بىلەن ئېتىلدى…!!
نەپسىنى قىيناش ۋە مەھرۇملۇق قامچىلىرى بىلەن جازالاشقا قۇرۇلغان راھىبلىقنى يامان كۆرمەي، ياخشىلىقنى توسمايدىغان ۋە زۆرۈر نېئمەتلەردىن مەھرۇم قىلمايدىغان ئەتنى يېپىشنى يامان كۆرىدىغان ئەقىلدە ئەھۋال قانداقمۇ توغرىلىنىپ، مەنزىرە قانداقمۇ نورماللىشىدۇ؟!
ئۈچىنچىدىن، شۈبھىسىزكى، ھىجابنى پۈتۈنلەي قاتماللىقنىڭ بىر تۈرى دەيدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى — ئېتىقادىي ئېزىپ كېتىش بىلەن ئەيىبلەنمەسلىك ئۈچۈن — مەسىلە نومۇس – ھايادا ياكى دىندارلىقتا ئەمەس، بەلكى پىتنىدىن يىراقلىشىش ۋە ئازغۇنلۇق يوللىرىدىن ساقلىنىشتا ھەددىدىن ئېشىشقا قارشى تۇرۇش دەپ دەۋا قىلىدۇ.
بۇ ئورۇندىكى خاتالىقنىڭ يۈزى شۇكى، ھىجابنى مۇتەئەسسىبلىك دەپ ئىنكار قىلغۇچى، بىرنەرسىنى ئوتتۇراھال ياكى ئاشۇرۇۋېتىش دەپ ھۆكۈم قىلىشنىڭ «مەنبەسى»نى — يەنى شەرىئەت كۆزسەتمىسىنى كۆزگە ئىلمىغان… مۇتەئەسسىبلىك بولسا ھالال نەرسىلەرنى تەرك ئېتىشتە ھەددىدىن ئېشىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئىش… ھالال بىلەن ھارامنى ئاخىرقى ھالدا بەلگىلەيدىغىنى يالغۇز شەرىئەتتۇر… ئىش مانا مۇشۇنداق بولغان ئىكەن، ھىجابنىڭ پەرزگە ئەمەل قىلىش ياكى ئاللاھ ھېچقانداق دەلىل چۈشۈرمىگەن تەكەللۇپ ۋە مۇتەئەسسىبلىك ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىش ئۈچۈن شەرىئەت تېكىستلىرىنى سۆزلىتىش زۆرۈر بولىدۇ!
ۋەھىي كۆرسەتمىلىرىگە قارايدىغان بولساق، ھىجابنىڭ قەتئىي شەرىئەت پەرزى ئىكەنلىكىنى بايقايمىز، ئۇنى ھېچقانداق بىر مۇسۇلمان رەت قىلمايدۇ، ئاللاھنىڭ دىنىدىن ئازراق چۈشەنچىسى بار كىشى بۇنىڭدا گۇمانلانمايدۇ… شۇنىڭ بىلەن ھىجابلىق ئاياللارنىڭ مۇتەئەسسىبلىكى دېگەن دەۋا يوققا چىقىدۇ؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ قىلغىنى ئۇلۇغ شەرىئەت ئىگىسىنىڭ ئەمرىگە مۇۋاپىق، ئۇلار ھېچقانداق ھالالنى چەكلىمىگەن، كەڭنى تارايتمىغان.
تۆتىنچىدىن، ھىجابنى مۇتەئەسسىبلىك دېگۈچى ھىجابنىڭ ھەقىقىتىدىن ھېچنېمىنى چۈشەنمىگەن؛ بەلكى رېئاللىقنى «پىكىر مەنبەسى» ئەمەس «پىكىر ئوبيېكتى» قىلىشقا يېپىۋېلىنغان!
بۇ قارشى تۇرغۇچى ئەتراپىغا قارىغان؛ غەربلىشىش، دۇنياۋىلىق، زامانىۋىلىق ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكىلەرنىڭ ھەممىسى كىيىم – كېچەكتە ئۆزىگە خاس ئۆلچەم ۋە شەكىللەرنى پەيدا قىلغانلىقىنى كۆرگەن… بۇ قارشى تۇرغۇچى چوڭقۇر تەكشۈرۈشكە كىرىشمەي، يۈزەكى كۆرۈنۈشكە قاراپ ھۆكۈم قىلىشقا مايىل بولغاچقا، يۇرتىمىزنىڭ رېئاللىقى ئۆزىگە ماس كېلىدىغان ۋە ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى ھەم گۈزەللىك ئۆلچەملىرىگە ماسلىشىدىغان كىيىم شەكىللىرىنى مەجبۇرلايدۇ دەپ ئويلىغان… بۇ دەل پىكىر قىلىشتىكى بۇزۇقلۇقنىڭ ئۆزىدۇر!
رېئاللىق پىكىر قىلىش، ھۆكۈم قىلىش ۋە ئۆزگەرتىشنىڭ ئوبيېكتى، ياخشى – يامان نەرسىلەرنى بىلىشنىڭ ئاساسى ئەمەس… بىز رېئاللىقنى توغرا پىكىرلىرىمىزگە ماس كەلگۈدەك ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇلغان، رېئاللىقنىڭ ئۆزگىرىشى، كىشىلەرنىڭ نەپسىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ھەۋەسلىرىنىڭ پىكىرلىرىنى كونترول قىلىشىغا ئۆزىمىزنى تۇتۇپ بېرىشكە بۇيرۇلمىغان…
«قاتماللىق» دېگەن سۆز كۆپ مەنىلىك سۆز، ئۇنىڭ مەنىسىنى پەقەت ئوتتۇراھاللىق بىلەن ئاشۇرۇۋېتىش، بوشلۇق بىلەن قاتتىقلىق، تەرتىپ بىلەن بۇزۇقلۇقنى بىلىدىغان ئۆلچەمنى بەلگىلەش ئارقىلىقلا چەكلىگىلى بولىدۇ… «ئۆلچەم»نى ئۆزگەرتسىڭىز؛ ئوتتۇرا ۋە چەت، ھەق ۋە باتىل، ھىدايەت ۋە زالالەت ھەققىدىكى ھۆكمىڭىز ئۆزگىرىدۇ…
ئەھۋالنى يورۇتىدىغان بىر مىسال قىلىپ ئېيتىمەن: غەرب دۆلەتلىرىدە «nudists» دەپ ئاتىلىدىغان بىر تۈركۈم كىشىلەر بارىدىغان بەزى رايونلار بار، ئۇلار «يالىڭاچلىق Nudism» پەلسەپىسىنى قوللايدۇ، ئۇلار: ئەر – ئايال ھېچنېمە كىيمەيدۇ، ئېغىر ئەۋرەتلىرى ئوچۇق، ئۇلار بۇنى ھاياتنىڭ توغرا يولى دەپ قارايدۇ، ئەۋرەتلەرنى يېپىشنى ياسالما ئىجتىمائىي تەكەللۇپ دەپ ھېسابلايدۇ، ئەسلى كىشىنىڭ تېرىسى بىلەنلا كۇپايىلىنىپ، ھەرقانداق كىيىمدىن بىھاجەت بولۇشى كېرەك دەپ قارايدۇ… ئەگەر ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر ئايال سۇ ئۈزۈش كىيىمى كىيىپ ماڭسا؛ ئۇنىڭ كۆرۈنۈشى يامان، قىلمىشى ئەيىبلىك بولۇپ كۆرۈنىدۇ؛ چۈنكى ئۇ بەدەننىڭ ھەرقانداق يېرىنى يېپىشنى تەرك ئېتىش دەپ قارايدىغان ئۇلارنىڭ ئوتتۇراھاللىقىغا خىلاپلىق قىلغان…(35)
ئەگەر باشقا دۆلەتلەرگە كۆچسىڭىز؛ ئۆرپ – ئادەتلەرنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئۆلچەممۇ ئۆزگىرىدۇ… سىز پۈتۈن ئۆمرىڭىزدە كىشىلەرنىڭ ھەۋەسلىرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ئۆز زوقىڭىزنى، ھۆكمىڭىزنى ۋە قىممەت قارىشىڭىزنى ئۆزگەرتىسىز، گەرچە سىز بۇ يەردە ۋە ئۇ يەردە گۆش – سۆڭەك ۋە پىكىر جەھەتتە ئوخشاش ئادەم بولسىڭىزمۇ…!!
بەشىنچىدىن، مۇتەئەسسىبلىك دەپ ئەيىبلىنىشى كېرەك بولغان ئىش، ئايالنى ئىنسانىي ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قىلىش، زۆرۈر دۇنيالىق لەززەتلەردىن توسۇش، ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىمى، ئۇنى بەندىچىلىك ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشتىن توسۇش، ئاخىرەتنىڭ جەننەتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇش ئۈچۈن دۇنيا سىنىقىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىن توسۇشتۇر… بۇنىڭدىن باشقىسى شەخسىي ۋە ئىجتىمائىي ئېھتىياجلار، ئائىلە ۋە جەمئىيەت مەنپەئەتى، مۇھىت رېئاللىقىغا رىئايە قىلىشقا بويسۇنىدۇ… ئەر كىشى ئايال ۋە بالىلارنىڭ ئاساسىي ھوقۇقلىرىغا تاجاۋۇز قىلىدىغان ئىشلاردىن توسۇلىدۇ، ئايال ئەر ۋە بالىنىڭ ئەۋزەلرەك ھوقۇقلىرىغا تاجاۋۇز قىلغانلىقى ئۈچۈن بەزى ھوقۇقلاردىن توسۇلىدۇ، بالىلار ئاتا – ئانىنىڭ ھوقۇقلىرىغا تاجاۋۇز قىلىدىغان ھوقۇقلاردىن توسۇلىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ھوقۇقلار ئۆزئارا كىرىشىپ كېتىدۇ، كېڭىيىدۇ، تارىيىدۇ، ئۆزئارا چىرمىشىپ كېتىشى ۋە ئۇلۇغ ئاللاھقا بەندىچىلىك قىلىش ۋەزىپىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە قاراپ.
تۆتىنچى شۈبھە: ھىجاب ئايالنىڭ ئۆزىنى ئىپادىلىشىگە توسالغۇ بولىدۇ
ھىجابنى رەت قىلغۇچى مۇنداق دەيدۇ: «ھىجاب ئايالنىڭ ئەركىنلىكى ۋە ئۆزىنى ئىپادىلىشىنىڭ دۈشمىنى!! ئۇ ئايالنى كۆچمە چېدىرغا ئايلاندۇرىدۇ، ئۇنىڭ گۈزەللىكىنى تۇتقۇن قىلىدۇ ۋە ئۇ ئىجادچان ئىنساننىڭ جانلىقلىقىنى ئىپادىلەشتىن توسىدۇ!»
جاۋاب:
بىرىنچىدىن، ھەقىقەتەن نومۇسچان كىيىمنىڭ ئايالنى ئۆزىنى ئىپادىلەشتىن قانداق توسىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس!!
ئىنسانغا ئۆزىنى ئىپادىلەش قوراللىرى: ئوچۇق مەيدە… يالىڭاچ يوتىلار… قىزىل كالپۇكلارمۇ؟
ئايال تىلى بىلەن سۆزلەمدۇ ياكى ئۆرۈلگەن چېچى بىلەنمۇ؟
ئايال ئۆزىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ھىجابلىق ۋە ياسانغۇچى ئايالنىڭ ھەر ئىككىسىدە بار بولغان سىياھ قەلەم بىلەن يازامدۇ… ياكى گىرىم بۇيۇملىرى ۋە ئۇپا – ئەڭلىك قۇتىلىرى بىلەنمۇ؟!
بۇ ئېتىرازنىڭ يۈزىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ھەقىقەتەن بەك تەس!؟
بەدىنىنى يېپىۋالغان ئايال ئەقىللىق ئوقۇتقۇچى بولۇشتىن ئاجىز كېلەمدۇ؟! ياكى ئالىم دوختۇر بولۇشتىنمۇ؟! ياكى ئىستېداتلىق ئەدىب بولۇشتىنمۇ؟! ياكى ماھىر مۇخبىر بولۇشتىنمۇ؟!
ئايال ئۆزىنىڭ يۇقىرى پىكرى، يۈكسەك ئەدەبىياتى، پايدىلىق كەشپىياتلىرىنى كېلىشكەن قەددى – قامىتى، تار كىيىمى ۋە كۆزلەرنى مەپتۇن قىلىدىغان مارجانلىرى بىلەن ئىپادىلەمدۇ؟!
نېمە ئۈچۈن ئايالنىڭ كۈچ – قۇۋۋىتى كۆزگە كۆرۈنىدىغان شەكلىگىلا قىسقارتىلىدۇ؟! نېمە ئۈچۈن ئەقىللىق ئىنسان ئايالنىڭ كۈچ – قۇۋۋىتى ئەڭ ئەخمەق ۋە ئەڭ كالۋا ئاياللارمۇ ياساشنى ئۇستا قىلالايدىغان ساختا كۆرۈنۈشلەر ئۈچۈن باستۇرۇلىدۇ؟!
ئىككىنچىدىن، ھىجاب ئايالنىڭ ئۆزىنى روھسىز پارقىراق قونچاق سۈپىتىدە ئىپادىلىشىنى توسىدۇ. ئۇ ئايالنىڭ ئۆزىنى ياشلار ئارىسىدا پارقىرايدىغان، زامان ئۆتۈپ ياشلىق جىلۋىسىنى يوقاتقاندا قاپقاراڭغۇ زۇلمەتكە ئايلىنىدىغان نۇر سۈپىتىدە ئىپادىلىشىنى توسىدۇ!
ھىجاب ئايالنى ئۆزىنى ئىززەت – ھۆرمەتلىك، قەدىر – قىممەتلىك بىر ئىنسان سۈپىتىدە ئىپادىلەشكە يېتەكلەيدۇ، باشقىلارنىڭ ئۇنى يۈز شەكلىنىڭ مۇتەناسىپلىقى ۋە يۈزىدىكى ئۇپا – ئەڭلىكلەرنىڭ ماسلىشىشىدىن كېلىپ چىققان گۈزەللىك ۋە جەلپكارلىقى بىلەن باھالىشىنى توسىدۇ!
ھىجاب ئايالنىڭ ئەرلەرنىڭ كۆزىدە تارازا بىلەن تارتىلىدىغان، پىكىر ۋە ئەخلاق بىلەن باھالانمايدىغان مەۋجۇدىيەت بولۇشنى رەت قىلىشىنىڭ ئىپادىسىدۇر!
ئۈچىنچىدىن، ھەرقانداق ئىشنى ھالال قىلىپ، ئىنسان ھەرىكىتى ئۈچۈن چەك – چېگرا تۇرغۇزۇشنى رەت قىلىدىغان ئەركىنلىك ھەقىقەتتە ئوچۇق – ئاشكارا «تەرتىپسىزلىك»نىڭ بىر تۈرى، شۇنداقلا ئىنسان ئۆزىنى تەبىئىي ھالىتىدە قويۇۋېتىپ، ھېچقانداق ئىشنى رەت قىلمايدىغان ۋە ياخشى – يامان ھەۋەستىن توسمايدىغان «ھايۋانىيلىق» پىكرىنىڭ ئوچۇق جاكارلىنىشىدۇر…
«ئايالنىڭ يۈزىنى ئېچىش ئەركىنلىكى»نى تەشەببۇس قىلغۇچىلارنىڭ ئېغىزلىرىدىكى بۇ شەكىلدىكى ئەركىنلىك ئاساسىي بىر پرىنسىپتىن كېلىپ چىقىدۇ، ئۇ بولسىمۇ ئىنسان پەقەت مۇشۇ ھايات ئۈچۈنلا يارىتىلغان؛ ئۇنىڭ باشلىنىشى بەچچىداندا، يوقىلىشى قەبرىدىكى تاشلار ئاستىدا… شۇڭا، ئۇ بۇ ئۆتكۈنچى دۇنيانىڭ نېئمەتلىرىدىن يۇتۇم – يۇتۇم يۇتۇۋېلىشى كېرەك؛ چۈنكى ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئەمەلىيەتتە ھېساب ئېلىنىدىغان ئاخىرەتنى يوشۇرمايدىغان يالغان خىيالدۇر. ئۇ ئىنساننىڭ بارلىق مۇمكىن بولغان لەززەتتىن ئەزالىرىنى چەكلەشكە ئەرزىمەيدىغان ئەرزىمەس تۇپراقتىن ئىبارەت مەۋجۇتلۇق، چۈنكى يوقىلىش ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، قايتىش يوق…
ئەركىنلىككە بولغان بۇ ئالاھىدە چۈشەنچە، ھەممە نەرسە «يوق»قا قاراپ مېڭىۋاتقاچقا ھەممە نەرسە باراۋەر بولىدىغان ھاياتقا بولغان يوقلۇق چۈشەنچىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ… شۇڭا، «مەنىسىزلىك» كائىناتىدا ياشاۋاتقان بۇ مەۋجۇداتنى غەم – قايغۇ دۆۋىلىرى ئارىسىدىكى مۇمكىن بولغان «لەززەتلەر» بىلەن سەزگۈ ئەزالىرىنى راھەتلەندۈرۈشتىن توسۇشقا بولمايدۇ…
بۇ ئەركىنلىك ئۆزىنىڭ ئاساسلىرى ۋە نەتىجىلىرى بىلەن «مەۋجۇتلۇق»نىڭ مەنىسى ۋە يەر يۈزىدىكى «خەلىفەلىك»نىڭ ھەقىقىتىگە بولغان ئىسلامىي چۈشەنچىگە پۈتۈنلەي زىت كېلىدۇ… بۇ دۇنيا ئۆتەڭ يولى، جاي تۇتىدىغان ئورۇن ئەمەس… ئۇ سىناق ئۆيى، قارار تاپىدىغان ئۆي ئەمەس… ئۇنىڭدا قەلبلەر ۋە ئەزالار سىنىلىدۇ، ئۇنىڭدا نەپسلەر قىلغان – قىلمىغان ئىشلىرى ئۈچۈن ھېساب بېرىدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق پەقەت بۇ ئەركىنلىكنى چەكسىز ۋە ئويلىماي قىلىشتىن توسىدۇ دېگەنلىك ئۈچۈنلا ھىجاب رەت قىلىنامدۇ؟!
تۆتىنچىدىن، «خاھلىغان» نەرسىنى كىيىدىغان ۋە «خاھلىغان» نەرسىنى ئاچىدىغان ئايال ئۆزىدە ئەركىن، ئۆز ئىشىنىڭ تىزگىنىنى تۇتالىغانمۇ؟!
بىز گۈزەللىك ئۆلچىمىنى كىم ياسايدىغانلىقىنى بىلىشىمىز كېرەك، ئاندىن ئايالنىڭ ئۇنى ئىپادىلەش جەھەتتىكى «ئىرادىسى»نىڭ ھەقىقىتىنى بىلەلەيمىز!
دۇنيادا ئايالغا سىرتقى كۆرۈنۈشتە خاھلىغانچە ئىپادىلەشكە قويۇپ بېرىلگەن گۈزەللىك – قىممەت ۋە ئۆلچەم سۈپىتىدە – ئەمەلىيەتتە گىرىم شىركەتلىرى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تارماقلاردىن پايدىلانغۇچىلارنىڭ خالىس ياسالمىسى، ئۇ يەنە ئايالنى پەقەت «يۇمشاق گۆش» ۋە «كۆزنى قاماشتۇرىدىغان جەلپكار رەڭلەر» دەپلا كۆرىدىغان ئەرلەرنىڭ تۇتقۇنى… ئاندىن «ئايال» يوقىلىپ كېتىدۇ، «ياسالما» گۈزەللىك قېلىپلىرىنىڭ سىرتىدا ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقى يوق…
بۇ تىجارەت زاۋۇتلىرى ۋە ئۇ خۇدبىن، ئاچكۆز ئەرلەرنىڭ شەھۋانىي ھەۋەسلىرى، ئەمەلىيەتتە يۆگىنىشنى رەت قىلغان ئايالغا «ئەركىنلىك»نىڭ مەنىلىرى ۋە «گۈزەللىك»نىڭ ئۆلچەملىرىنى سىزىپ بېرىدۇ. ئەگەر بۇ ئايال ئۆزىگە سىزىلغان يولدىن باشقا يولدا ماڭسا ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزى ئۈچۈن تاللىغىنىدىن باشقىنى تاللىسا، ئۇلار ئۇنى چۈشۈرۈپ تاشلايدۇ، چۈنكى ئۇ ئۆز ئىرادىسىدىن ھېچنېمىگە ئىگە ئەمەس. ئەركىنلىك ئۇلارنىڭ ئۇنىڭغا تاللىغىنى، گۈزەللىك ئۇلارنىڭ ئۇنىڭغا رازى بولغىنى… ئۇنىڭ ئۆزلۈكىدىن تاللىشى نەدە؟! ئەركىنلىكتىن ئۇنىڭ چىن نېسىۋىسى قەيەردە؟!
ئەرلەر خاھلايدىغان «ئاياللىق»نىڭ مەنىلىرىنى شەكىللەندۈرۈشتىكى بۇ غەرب رېئاللىقى، «ئايال» ياكى ئۇنىڭ ئىپادىسى بولغان «ئاياللىق» دەپ ئاتىلىدىغان مۇتلەق مەنە ۋە مۇقىم مەۋجۇدىيەتنى ئىنكار قىلىدىغان غەربلىك يازغۇچىلارنىڭ مەيدانغا چىقىشىغا ئېلىپ كەلدى. مەسىلەن، «ئاندرېئا دۋوركىن Andrea Dworkin» مۇنداق دەيدۇ: «كەشپىيات شۇكى، ئەلۋەتتە، ‹ئەر› ۋە ‹ئايال› دېگەن ‹ئۇقۇملار› خىيالىي، كارىكاتۇرا سىزىقلىرى، مەدەنىيەت قۇرۇلمىلىرىدۇر»(36). بۇنى «Elle» («ئۇ ئايال») ژۇرنىلى 1996 – يىلىدىكى بىر سانىدا «گېندېر [تۈر: ئەركەك – چىشى ۋە ئۇنىڭ ئىجتىمائىي رولى] قىلىپ كۆرۈنۈشىنى پارچىلاش»قا چاقىرىش ۋە بىزنى (!) «چىشىلىق بىر ئىجتىمائىي قۇرۇلما» دەپ ئەسكەرتىش بىلەن ئىپادىلىگەن ھەمدە «ئەرلەر چىشىلىقنىڭ مەنىسىنى باشتىن تارتىپ بەلگىلىگەن» دەپ جاكارلىغان(37)؛ «ئايال تۇغۇلمايدۇ، ياسىلىدۇ Woman is made not born»([38^])…!!
ئاياللىق بۇ يەردە پەقەت تەلەپ قىلغۇچىلارنىڭ ئارزۇلىرىغا بويسۇنىدىغان «سانائەت» مەھسۇلاتى. بۇ يەردىكى تەلەپ قىلغۇچى بولسا تىجارەت مۇئەسسەسەلىرى ئۇنىڭ «ئارزۇ – ھەۋەسلىرى»نى ۋە «نەپسانىي خاھىشلىرى»نى، شۇ جۈملىدىن تەلەپ قىلىنغان «ئايال گۈزەللىكى»نى «ياسايدىغان» (ئەر) كىشىدۇر. بۇ رەڭلەر ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى ھەم پارقىراقلىقى، چاچ ۋە ئۇنىڭ ياسىلىشى ھەم ئۇزۇنلۇقىغا مەركەزلەشكەن «كونا!» ئۇسلۇبلاردىن ھالقىپ، تېز ئۆزگىرىدىغان «گۈزەللىك» بولۇپ، بۈگۈن ئايال بەدىنىگە «قوشۇش» ۋە «ئېلىۋېتىش» تە «تەسەررۇپ قىلىدۇ»، بۇ ئايالنىڭ ئىنسانىي قىممىتىنى خورلايدىغان شەكىلدە، ئۇنى تېخىمۇ خارلىقتىن باشقىغا زىيادە قىلمايدۇ!
ئايالنى بۇنداق «جىنسىي نەرسىگە ئايلاندۇرۇش» نۇرغۇن غەربلىك ئاياللارنى ئايال (ھەر بىر ئايال) تەبىئىتىدە «پاھىشە»، ئىپپەت – نومۇس پەقەت ئۇنىڭ روھىي قۇرۇلمىسىغا سىرتتىن كىرگۈزۈلگەن ئىجتىمائىي قانۇن دېگەن قارارغا كەلتۈرگەن ياكى «نائومى ۋولف Naomi Wolf» ئۆزىنىڭ ئەڭ يېڭى كىتابلىرىنىڭ بىرىدە ئېيتقاندەك: «ياخشى قىزلار مەۋجۇت ئەمەس، ھەممىمىز يامان قىزلار»(39). شۇنداق قىلىپ، غەربتىكى ئايال «ئالدىنىپ قالغان قۇربان»دىن «رازىمەنلىك بىلەن گۇناھكار»غا ئايلاندى، ئۇ ھەر ئىككى ھالەتتە پارقىراپ تۇرغۇچە ئەرلەر ئۇنىڭ گۈزەللىكى بىلەن ئوينايدىغان قۇرۇق قونچاقتۇر؛ رەڭلىرى خىرەلىشىپ، سۈيى قۇرۇپ كەتكەندە، ئارزۇ – ئارمانلىرىدىن ئايرىلىپ، «گۈزەل ئىنسانلىق» تىن نەپسكە ئېغىر كېلىدىغان، قەدىر – قىممىتى تۆۋەن «گۆش – سۆڭەك پارچىسى» غا چۈشۈپ قالىدۇ!
بەشىنچى شۈبھە: ھىجاب قەلبتە
دۇنياپەرەس ۋە خرىستىيان مىسسىئونېرلاردىن ئىبارەت ھىجابنى يامان كۆرگۈچىلەر ھەقىقىي ھىجاب «قەلب ھىجابى»دۇر، ئۇ باشقا تاشلانغان «ئاددىي» رەخت پارچىسى ئەمەس دەپ تەكرارلايدۇ.
جاۋاب:
بۇ شۈبھە نۇرغۇن تىللاردا تارقالغان، ئۇنىڭ باتىللىقى، ھەتتا قوپال زىتلىقى ئادىل كىشىگە يوشۇرۇن ئەمەس… جاۋابنىڭ تۆۋەندىكىدەك تەرەپلىرى بار:
بىرىنچىدىن، ئىسلام ئايالنى ئۆزىنىڭ پەقەت «ھۇزۇرلىنىش قورالى» ئەمەس، بەلكى ئەخلاقىي ئېتىبارغا تولغان، ھۆرمەتتە ئىنسانىي نېسىۋىگە ئىگە بىر «ئىنسان» ئىكەنلىكىنى بىلىشكە يېتەكلەيدۇ… ئەقىللىق مۇسۇلمان ئايال شۇنى بىلىدۇكى، ئۇنىڭغا ئەركىنلىك باھانىسى بىلەن ھىجابىنى سېلىۋېتىشنى كۈچەپ تەۋسىيە قىلغۇچى، ئەمەلىيەتتە گۇناھكار كۆزلىرى بىلەن ئۇنىڭ يېپىق گۆشىگە ئوغرىلىقچە قاراشنى خاھلايدۇ، ئۇنىڭ ئايالنى ئىپپەت پەردىسى ۋە نومۇسچان كىيىمدىن ئايرىشنى خاھلىشى پەقەت كۆكسىدە لاۋۇلداۋاتقان شەھۋەتنى بوشىتىشقا بولغان ھېرىسمەنلىكىدىن كېلىپ چىققان، گەرچە ئۇ ئۆز دەۋاسىنى ئايالنى زۇلۇم ۋە زوراۋانلىقتىن «ئازاد قىلىش»نى خاھلاش ۋە نەسىھەت قىلىش كىيىمى بىلەن كىيىندۈرسىمۇ!!!!
ئايالنى يۈزىنى ئېچىشقا چاقىرغۇچى ئەمەلىيەتتە ئۇنى ھەمراھ ۋە ئويناشتىن باشقا ئورۇندا كۆرمەيدۇ. ئەمما، ئۇنى يۆگىنىشكە چاقىرغۇچىنىڭ زېھنىدە بولسا ئۇ پەقەتلا ئانا ياكى ھەمشىرە، ياكى قىزدۇر، شۇنداقلا مەۋجۇدىيىتىنىڭ بىر پارچىسى، روھىنىڭ بىر بۆلىكىدۇر. ئۆزىنى پەقەت ئۇنىڭ ياردەمچىسى دەپ قارايدۇ ۋە ھەركىم خاھلىغانچە كۆڭۈل ئېچىپ ھۇزۇرىنى سۈرۈپ بولغاندا ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋېتىلىدىغان ئويۇنچۇققا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىنىشى ئۇنى ئازابلايدۇ.
ئىككىنچىدىن، ھىجاب ئايالنىڭ بېشىغا ئارتىۋالىدىغان رەخت پارچىسىلا ئەمەس، بەلكى ئۇ سۆز – ھەرىكەت، مۇئامىلە ۋە ھېس – تۇيغۇدا پىشقان بىر تۈزۈم. ئۇ ئەقىدە، ئەخلاق ۋە ھېسسىيات سىستېمىسى. ئۇنى ئايالنىڭ بېشىدىكى بىر تال چېچىنى ياپىدىغان «ئاددىي» رەخت پارچىسى دەپ ئويلاش بۇ شەرىئەت، ئۇنىڭ مەزمۇنى ۋە مەقسەتلىرىنى چۈشىنىشتىكى كەمچىلىكتۇر!!!
ئۈچىنچىدىن، ھىجابنى پەقەت قۇرۇق پوستتەك، ئىپپەتنى ئىپادىلەيدىغان ھىجاب پەقەت قەلبتىلا دەپ سۆزلىگۈچى «ئىچكى پاكلىقنىڭ تاشقى پاكلىق بىلەن ئۇچرىشىشى لازىم ئەمەس» دەپ ئىشىنىدىغاندەك كۆرۈنىدۇ. ئەمما، بىز: «تاشقى پاكلىق چوقۇم ئىچكى پاكلىق بىلەن بىرگە بولۇشى كېرەك، ئۇ ئىككىسى ئايرىلماس ھەمراھ، ئۈزۈلمەس باغلىنىشتا» دەپ قارايمىز. شۇڭا، ئەگەر ئايال بېشىنى يېپىپ، ئىچكى دۇنياسىنى تۈزىمىسە، ئۇ ئىسلامدا دىندار ئەمەس، بەلكى باشقىلارنى ۋە ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئۆزىنى ئالدايدىغان مۇناپىقتۇر!!
ئىپپەت – نومۇس پەقەت قەلبتىلا ئەمەس، بەلكى قەلب ۋە تەندە… ئۇ ئەزالار بۇزۇلغان ھالدا قەلبتە بولۇشى مۇمكىن ئەمەس!!
قارشى تۇرغۇچى: «بىر ئادەمنىڭ قەلبى پاك، ئەمما ئۇ ئوغرىلىق قىلىپ بۇلاڭچىلىق قىلىدىغان ئوغرى ياكى باشقىلارنىڭ نومۇسىغا تاجاۋۇز قىلىدىغان زىناخور، ياكى ئۆزىگە ئىشەنگەنلەرنى ئالدايدىغان يالغانچى بولۇشى مۇمكىن» دېيەلەمدۇ؟!!!
«ئەگەر قەلب پاكلىقى ئەمەلنىڭ بۇزۇقلۇقى بىلەن بىرگە كېلەلمەيدۇ» دېسە، شۇنىڭدەك بىزمۇ دەيمىز: «ئۇلۇغ ئاللاھ يېپىشنى بۇيرۇغاننى ئايال ئېچىۋەتكەن ھالەتتە قەلب ئىپپىتى بولمايدۇ!»
ئىپپەت – نومۇس ئۇلۇغ بىر كۆچەت بولۇپ، يىلتىزى قەلبتە، مېۋىسى ئەزالاردا كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ!!
قەلبى بۇزۇلۇپ، تېنىنى ياپقان كىشى قەلبىدە ئېقىۋاتقان پاكلىق دەرياسىدىن سۇغىرىلمىغان ساختا مېۋىلەرنى قويۇۋاتىدۇ!
تۆتىنچىدىن، خرىستىيان مىسسىئونېرنىڭ ئالدىدا ئۈچ خىل مۇئەييەنلەشتۈرۈشتىن بىرىنى تاللاش بار، تۆتىنچىسى يوق:
1. ئىچكى گۈزەللىك بىلەن تاشقى گۈزەللىك بىرگە كەلمەيدۇ؛
2. تاشقى گۈزەللىك ئىچكى گۈزەللىكنىڭ شەرتى ئەمەس؛
3. ئىچكى گۈزەللىك تاشقى گۈزەللىكنىڭ شەرتى.
بىرىنچى سۆزنى خرىستىيان رەت قىلىدۇ، ئەڭ بۇزۇق ۋە پاسىق ئادەملەرمۇ ئۇنداق دېمەيدۇ. چۈنكى، ئۇ «پاسكىنىچىلىقلاردىن قەلبىڭ پاك بولۇشى ئۈچۈن چوقۇم ئەخلاقسىزلىقلارغا چۈشۈشۈڭ كېرەك» دېگەنلىكنى كۆرسىتىدۇ!
ئىككىنچى سۆز توغرا بولالمايدۇ. چۈنكى، ئۇ ئىنسان مەۋجۇدىيىتىنى زۆرۈر ئارىلاشمايدىغان ئىككى مەۋجۇدىيەتكە ئايرىۋېتىدۇ، ئۇلار بەزىدە بىرلىشىدۇ، بەزىدە ئايرىلىدۇ… ئىنسان پاكلىق دۇنياسىدا پەرۋاز قىلىدىغان روھ، پاتقاقلىق دۇنياسىغا چۆمگەن ئەزالار بولۇشى مۇمكىن..!! روھ تەندىن ئايرىلمايدىغان، ھېس – تۇيغۇلار پىكىرلەر بىلەن باغلانغان، ھەرىكەت پىكىر ۋە خاھىشتىن كېلىپ چىققان تۇرۇقلۇق، ئىنسان نەپسىنى پىكىر، ئارزۇ، تۈرتكە ۋە ئەمەللەرنىڭ چېچىلىپ كەتكەن باغلىمى دەپ، ئۇلار يىراق ۋە زىت مەۋجۇدىيەتلەر بولغاچقا ئۇچراشمايدۇ دەپ تەسەۋۋۇر قىلىش ساددىلىقتۇر!
شۇنىڭ بىلەن پەقەت ئۈچىنچى سۆزلا قالىدۇ؛ ئۇ بولسا ئىچكى ۋە تاشقىنىڭ باغلىنىشلىق بولۇشى، ئىنساننىڭ ئىچكى ۋە تاشقى دۇنياسى ئارىسىدىكى دىئالېكتىكىلىق مۇناسىۋەتنى بېكىتىدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ سۆزىدۇر. ئىنساننىڭ قەلبى بىر دۇنيادا، تېنى يەنە بىر دۇنيادا ياشىيالايدۇ دەپ ئويلاش پۈتۈنلەي خاتا. چۈنكى، ئەقىل ۋە رېئاللىق «كىشىنىڭ قەلبى نۇر پارچىسى، تېنى بولسا بۇزۇقچىلىق پاتقىقىدا ئېغىنىيالىشى مۇمكىن» دېگەن دەۋانى ئىنكار قىلىدۇ. بۇ مۇمكىن بولمىغان ئىكەن، ئەر – ئاياللاردا قوزغىتىش ئامىللىرىنى قوزغايدىغان نەرسىلەرنى يېپىش؛ يەنى ھارام گۆشنى ئاشكارىلايدىغان يالىڭاچلىق، قەددى – قامەت تەپسىلاتلىرىنى ئاشكارىلايدىغان تار كىيىملەرنى، گۇناھ ۋە پىتنىگە تۈرتكە بولىدىغان ئامىللاردىن قەلبنى پاكلاش بىلەن بىرگە ئاللاھنىڭ ئىچكى – تاشقى، يوشۇرۇن ۋە تېخىمۇ يوشۇرۇن نەرسىلەرنى بىلىدىغانلىقىنى ھېس قىلىش، نەپسنى ۋەھىينىڭ ياخشىلىققا مۇكاپات، بۇزغۇنچىلىققا جازا بولىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەرگەنلىرى بىلەن ئەسلىتىش ئارقىلىق چوقۇم يېپىش كېرەك.
بەشىنچىدىن، نېمە ئۈچۈن يالغۇز قالغاندا رەببىگە ئاسىيلىق قىلىدىغان ھىجابلىق ئايال ھىجابقا قارشى دەلىل بولىدۇ؟!!
ھىجاب كۆزىمىز بىلەن كۆرىدىغان سەت قىلمىش ئارىلاشمىغان بولسا، ئىپپەت – نومۇسنىڭ تاشقى دەلىلىدۇر… ئەمما ئىچكى دۇنيا ۋە قەلبلەرنىڭ ھەقىقىتىنى پەقەت ئۇلۇغ ئاللاھلا بىلىدۇ… بۇ خۇددى خرىستىيانلارنىڭ راھىبەلەر ھەققىدىكى سۆزىگە ئوخشاش؛ ئۇلار راھىبلىقنى ئىپپەت – نومۇسنىڭ تاشقى دەلىلى دەپ قارايدۇ، راھىبەلەرنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى بىلىشنىڭ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىگە قاراشتىن باشقا يولى يوق…
ھىجاب كىيىدىغانلىقى بىلىنگەن، ئەمما بۇزۇقچىلىق ئورۇنلىرىغا بارىدىغان ئايال ئىككى يۈزلىمىچى مۇناپىقتۇر، ئەيىب ئۇنىڭ كىيىمىدە ئەمەس، بەلكى ھىجاب بىلەن زۆرۈر ئورگانىك باغلىنىشى بار باشقا ھۆكۈملەرگە رىئايە قىلمىغانلىقىدا…
ھىجاب كىيىپ بۇزۇقچىلىققا بارىدىغان ئايالغا يېتىدىغان ئەيىب خۇددى ناماز ئوقۇپ نۇرغۇن ھارام ئىشلارنى قىلىشتىن توختىمايدىغان كىشىگە يېتىدىغان ئەيىبكە ئوخشاشتۇر! نېمە ئۈچۈن شەرىئەتتىن ھىيلە – مىكىر بىلەن قاچىدىغان «ھىجابلىق» تېپىلسا ھىجاب ئەيىبلىنىدۇ – يۇ، دىنىنىڭ ئومۇمىي تەلىماتلىرىغا رىئايە قىلمايدىغان «نامازخان» تېپىلسا ناماز ئەيىبلەنمەيدۇ؟!!
ئالتىنچىدىن، مۇسۇلمان ئايالنىڭ مەسىلىسى شۇكى، ھىجاب ئىپپەت – نومۇسقا يېتەكلەيدىغان يول، شۇڭا ئۇ ئۆزىنى ھىجابقا ئىپپەت – نومۇسنىڭ دەلىلى دەپ قاراش بىلەن ئاۋارە قىلمايدۇ… ئۇنىڭ مەقسىتى ئۆز قىلمىشى بىلەن پىتنە سەۋەبلىرى ۋە ئامىللىرىنى توسۇش، كىيىمى ئارقىلىق كىمنىڭ ئۇنى ئىپپەتلىك دەيدىغانلىقىنى ئىزدەش ئەمەس…!
يەتتىنچىدىن، ھىجابنىڭ بىرىنچى مەقسىتى، ئەرنىڭ ئايالغا مەپتۇن بولۇشىنى توسۇش. شۇڭا ئايالنىڭ ھىجابى قەلبتە دېگەن سۆز مەنىسىز بولۇپ قالىدۇ، چۈنكى ھىجاب رولسىز سىمۋول ياكى تەسىر كۆرسىتىدىغان مەزمۇنسىز شەكىل ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ رولى شەيتانىي ھەۋەس ئەرنىڭ قەلبىگە سىڭىپ كىرىپ، ئۇنى زىنا ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋەتلىرىگە باشلاپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئايالنىڭ جەلپكار يەرلىرىنى يېپىشتۇر.
سەككىزىنچىدىن، بۇ مەزمۇندا قۇلاققا ئادەتلەنگەن سۆزلەردىن بىرى بەزىلەرنىڭ «ئاياللاردىن ھىجاب كىيمەيدىغانلىرى بار، شۇنداقتىمۇ ئەرلەردىن ھېچكىم ئۇلاردىن (بىرنەرسە) ئالالمايدۇ» دېگەن سۆزىدۇر… بۇ قۇلاققا كىرىدىغان غەلىتە سۆزلەردىندۇر؛ چۈنكى، ھىجابنى تەرك ئەتكەن بۇ ئايال ئۇنىڭ تېنىگە قاتتىق تىكىلىپ قارايدىغان ئەرلەرگە ئۇلار خاھلىغان نەرسىنى تەقدىم قىلغان!!! زىنادىن پەقەت ھەممە بىلىدىغان ئەسلىي مەنىسىلا مەقسەت قىلىنغانمۇ؟! شەكسىزكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە خەۋەر قىلغاندەك زىنا دېگەن كۆز بىلەنمۇ بولىدۇ. ئۇ زات مۇنداق دېگەن: «كۆزنىڭ زىناسى قاراشتۇر»(40). دېمەك، ھىجابنى كىيىم سۈپىتىدە رەت قىلغان ئايال ئەرلەرگە ئۇلار خاھلايدىغان نەرسىنى تەقدىم قىلىپ تۇرۇپ، قانداقمۇ ئەرلەرنى ئۇلار خاھلايدىغان نەرسىدىن توسقان بولسۇن؟! تار كىيىملەر زىنا قورالىدىن باشقا نەرسىمۇ؟! قىسقا كىيىملەر زىنا قورالىدىن باشقا نەرسىمۇ؟! يالتىراق ئۇپا – ئەڭلىكلەر، پۇراق چېچىپ تۇرىدىغان خۇشپۇراقلار، دولقۇنلۇق چاچ ياساشلار ھەممىسى كۆز زىناسىنىڭ سەۋەبلىرىدىن باشقا نەرسىمۇ!؟
ئاندىن نېمە ئۈچۈن سەۋەبلەرنى نەتىجىلىرىدىن، ئاخىرىنى باشلىنىشىدىن ئايرىۋېتىمىز؟!!
زىنا ۋە باسقۇنچىلىق قوزغاتقۇچىلارسىز ياكى سەۋەبلەرسىز زېھىنگە سەكرەپ كىرىدىغان ئىختىيارسىز ھەرىكەتمۇ؟!!
قارشى تۇرغۇچى كوچا ۋە ئاخباراتتا كىيىم ئىباھىيلىكى (ھەممىنى مۇباھ ساناش خاھىشى) كەڭ تارقالغان دۆلەتلەرنىڭ، قانۇن تۈزگۈچىلەر بۇ ئىشنى قىلغانلارغا چۈشۈرگەن قاتتىق جازا قانۇنلىرىغا قارىماي، باسقۇنچىلىق ۋەقەلىرىدىن ئەڭ كۆپ ئازاب چېكىۋاتقان دۆلەتلەر ئىكەنلىكىنى بىلمەمدۇ؟!!
قارشى تۇرغۇچى ئاياللىرىنىڭ كۆپىنچىسى ھىجابقا رىئايە قىلغان دۆلەتلەرنىڭ باسقۇنچىلىق نىسبىتى جەھەتتە ئەڭ ئاز دۆلەتلەر ئىكەنلىكىنى بىلمەمدۇ؟!!
قارشى تۇرغۇچى مەدىنە مۇنەۋۋەرەدە ئىسلام دۆلىتى قۇرۇلغاندىن تارتىپ خەلىفەلىك دۆلىتى يىقىلغانغا قەدەر ئىسلام بىلەن ھۆكۈم قىلغان دۆلەتلەرنىڭ باسقۇنچىلىق جىنايەتلىرىنى دېگۈدەك بىلمەيدىغانلىقىنى ئوقۇمىغانمۇ!!؟
باسقۇنچىلىق ئاياللارنىڭ كىيىمى، كوچا ئېلانلىرى ۋە تېلېۋىزور كۆرۈنۈشلىرىدىكى ئىباھىيلىكنىڭ قوزغىشى بىلەن شەھۋەت يىغىلغان نەپسنىڭ قىلمىشىدىن باشقا نەرسىمۇ؟!!
قاراش زىنانىڭ ئەلچىسى… شائىر مۇنداق دەيدۇ:
بارلىق ۋەقەلەر قاراشتىن باشلىنىدۇ كۆپىنچە ئوت كىچىك ئۇچقۇندىن چىقىدۇ
نۇرغۇن قاراشلار ئىگىسىنىڭ قەلبىگە يا – ئوقسىز ئوقلارنىڭ زەربىسىدەك تەگدى
كىشى كۆزىنى ئايلاندۇرۇپ تۇرغۇچە گۈزەللەر كۆزىدە خەتەردە تۇرىدۇ
كۆزى خۇشال، قەلبى زەخمىلەندى خۇش بولمىسۇن زىيان كەلتۈرگەن خۇشاللىق
يەنە بىرى مۇنداق دەيدۇ:
كۆزۈڭنى قەلبىڭگە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتسەڭ كۆرۈنۈشلەر سېنى ھېرىپ قالدۇرىدۇ
شۇنداق نەرسىنى كۆرىسەنكى، ھەممىسىگە قادىر بولالمايسەن، بەزىسىگە سەۋر قىلالمايسەن
رەببانىي ئىمام ئىبنۇلقەييىم ئەلجەۋزىي مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىگە مۇئمىنلەرنى كۆزلىرىنى تۆۋەن قىلىشقا ۋە ئەۋرەتلىرىنى ساقلاشقا بۇيرۇشنى، ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچى ۋە ئۇنىڭدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى ئۆگىتىشنى بۇيرۇدى: ﴿ئاللاھ كۆزلەرنىڭ خىيانىتىنى ۋە دىللاردىكى يوشۇرۇن نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ﴾(40/«غافىر»: 19). بۇنىڭ باشلىنىشى كۆز تەرەپتىن بولغاچقا، كۆزنى تۆۋەن قىلىش بۇيرۇقىنى ئەۋرەتنى ساقلاشتىن بۇرۇن قويدى. چۈنكى، بارلىق ۋەقەلەر قاراشتىن باشلىنىدۇ، خۇددى كۆپىنچە ئوت كىچىك ئۇچقۇندىن چىققاندەك، بىر قاراش… ئاندىن بىر ئوي… ئاندىن بىر قەدەم… ئاندىن بىر خاتالىق بولىدۇ. شۇڭا، مۇنداق دېيىلگەن: ‹كىمكى مۇنۇ تۆت نەرسىنى ساقلىسا دىنىنى ساقلىغان بولىدۇ: قاراشلار، كۆڭۈلگە كەلگەن ئويلار، سۆزلەر ۋە قەدەملەر›»(41).
بۇ يەردە بىز كۆزى بىلەن كۆرۈپ شەھۋىتىنىڭ يوشۇرۇن كۈچلىرى ھەرىكەتلەنمەيدىغان ئەرنىڭ «مەدەنىيلىكى» ھەققىدە غاپىللىق بىلەن سۆزلىيەلمەيمىز؛ چۈنكى بۇ ئەردىكى روھىي ۋە نېرۋا قانۇنىيەتلىرىنى زوراۋانلىق بىلەن ئايرىۋېتىشتىندۇر… سۆزۈمنىڭ مەنىسى ئەرلەردە جىنسىي ھېسسىيات زىنا ۋە باسقۇنچىلىققا چۈشكۈدەك دەرىجىدە مەجبۇرىي دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى مەقسىتىم بۇ ھېسسىيات ئەرنىڭ نېرۋا سىستېمىسىدىكى ئىختىيارسىز ئىنكاس، ئۇ ئۇنى «زىيانلىق بوشىتىش»تىن پەقەت شەھۋىتىنى ھالال يولدا بوشىتىش ياكى پىتنە سەۋەبلىرىنى تەقۋالىق يۈگىنى بىلەن باستۇرۇش ئارقىلىقلا توسالايدۇ. بۇ ھەممە ئەرگە مۇيەسسەر بولمايدۇ، چۈنكى ھالال ئىشىكلەر بەزىلەرگە تاقالغان، تەقۋالىق ئارغامچىسى باشقىلاردىن بوشاپ كەتكەن.
بۇ يەردە تەكىتلەش زۆرۈركى، كۆزى ئوچۇق كىشى گۇمان قىلمايدىغان رېئاللىقنىڭ دەلىللىشىچە، ئەرلەردە كۆز قوزغىتىشى يۇقىرى دەرىجىدە سەزگۈر بولىدۇ. ئەكسىچە ئاياللارغا شەكىللەر ئەمەس، ھەرىكەتلەر بەكرەك تەسىر قىلىدۇ!(42)
ئەر كىشىدە تۈرلۈك شەكىل، شەيئىلەرگە قاراپ مايىللىقى قوزغىلىدىغان ئەھۋال بار، ئايال زاتى دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، ئالاقىلەردە تۇرغۇن ھېسسىياتقا مايىل بولىدۇ(43). ئەھۋال بۇ بولغانىكەن، ئايالنىڭ شەرئىي كىيىم – كېچىكى ئەرلەرنىڭ قەلبىدىكى بۇ شەھۋەتنى بىتچىت قىلىدۇ ۋە جىنسىي ئالاقە ئەر – ئاياللىق شەرئىي مۇناسىۋەت چەمبىرىكىنىڭ سىرتىغا چىقىپ كەتمەيدۇ!
شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەن مۇنداق دەيمەنكى، «تەلەپ قىلىنغان يېپىنچىنى ئەمەلگە ئاشۇرمىغان ئايالدا قەتئىي ياخشىلىق يوق» دەپ دەۋا قىلمايمەن. مەن پەقەت ئۇنى كەمچىل، تەلەپكە لايىق شەكىلگە يەتمىگەن دەيمەن. ئىنسانلار پاك پەرىشتىلىك ھالەتتىمۇ، ناچار شەيتانىي ھالەتتىمۇ ئەمەس!! بەلكى بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا ئوتتۇراھال ۋە ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىنىڭ دەرىجىلىرى بار!
توققۇزىنچىدىن، خرىستىيان مىسسىئونېرلارغا دەيمىزكى: «سىلەر ھىجابلىق خرىستىيان راھىبەلەرنى — خۇددى غەربتىكى ئىبادەتخانىلار ھەققىدە يازغانلارنىڭ ئەسەرلىرىدە دېيىلگەندەك(44)— ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاياللارنىڭ ھەم جىنسلىقى (سىھاق) بۇزۇقلۇقى كەڭ تارقالغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، تەقۋادار، پاك سۈرەتتە كۆرسىتىسىلەر؟! نېمە ئۈچۈن كۆپىنچىسىنىڭ بۇزۇقلۇقى جەزملەشتۈرۈلگەن بۇ ئاياللارغا ‹ھىجاب پەقەت قەلبتىلا› دەپ خەۋەر بەرمەيسىلەر… ياكى بۇ (بىر كۆزلۈك) نەسىھەت پەقەت مۇسۇلمان ئاياللارغا قارىتىلغاندىلا پايدىلىقمۇ؟!
ئەگەر سىلەر بىزدىكى ھىجابنى ھارام قىلساڭلار… ئاۋۋال ئۆزۈڭلاردىكىنى ھارام قىلىڭلار، راھىبەلىرىڭلارنىڭ بېشىنى ئېچىڭلار!
نېمە ئۈچۈن مۇسۇلمان ئايالنىڭ ھىجابنى سېلىۋېتىشىنى ئارزۇ قىلىپ سۆزلىگەندە، تاشقى ۋە ئىچكى دۇنيانىڭ ئايرىلىش دەۋاسىنى ئوتتۇرىغا قويىسىلەر – يۇ، ئايالىڭلارغا ئۇنىڭ ئەكسىنى ئۆگىتىسىلەر؟ كاتولىك(45) چېركاۋىنىڭ دىنىي تەلىم كىتابى «Catechism of the Catholic Church»دا: «2021. پاكلىق نومۇس – ھايانى تەلەپ قىلىدۇ… نومۇس – ھايا كىشىنىڭ خۇسۇسىي ئىچكى دۇنياسىنى قوغدايدۇ. ئۇ يېپىق قېلىشى كېرەك بولغان نەرسىنى ئېچىشنى رەت قىلىشنى بىلدۈرىدۇ Modesty requires modest… Modesty protects the intimate center of the person. It means refusing to unveil what should remain hidden» دېيىلگەن.
نومۇس – ھايا ھەققىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «2022. ئۇ كىشىنىڭ كىيىم – كېچەك تاللىشىغا ئىلھام بېرىدۇ It inspires one’s choice of clothing.»
يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «2023. ھېس – تۇيغۇغا خاس نومۇس – ھايا بار، شۇنىڭدەك تەنگە خاس نومۇس – ھايامۇ بار There is a modesty of the feelings as well as of the body.»
يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «2025. خرىستىيان پاكلىقى ئىجتىمائىي مۇھىتنى پاكلاشنى تەلەپ قىلىدۇ Christian purity requires a purification of the social climate.»([46^])
شۇنداق تۇرۇقلۇق قانداقمۇ «قەلب پاك بولسىلا، ئايال خاھلىغان نەرسىنى كىيىۋەرسە بولىدۇ» دەيسىلەر؟!! پاكلىق پەقەت قەلبتىلا دەيسىلەر؟!!
«تېرتۇللىئان» — دەسلەپكى چېركاۋ ئاتىلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالىملىرىدىن بىرى — «ئاياللارنىڭ زىننىتى ھەققىدە De cultu feminarum» ناملىق كىتابىدا بۇ شۈبھىگە رەددىيە بېرىپ مۇنداق دېگەن: «بەزى (ئايال) لار: ‹مەن ئۈچۈن ئەرلەرنىڭ مېنى ياقتۇرۇشى زۆرۈر ئەمەس، چۈنكى مەن ئەرلەرنىڭ گۇۋاھلىقىغا موھتاج ئەمەس، ”ئاللاھ قەلبلەرنىڭ كۆزەتكۈچىسى“› دېيىشى مۇمكىن».
بۇ ئىلاھىيەتشۇناس مۇنداق دەپ رەددىيە بەرگەن: «بىز (رەب)نىڭ ئۆز ئەلچىسى ئارقىلىق: ‹توغرىلىقىڭ كىشىلەرنىڭ ئالدىدا ئاشكارا بولسۇن›(47) دېگەنلىكىنى ئەسلەيمىز» ۋە مۇقەددەس كىتابنىڭ مۇئمىندىن تەلەپ قىلىنىدىغىنى ياخشىلىق مەنبەسى ۋە ئۈلگە بولۇش ئىكەنلىكىنى قايتا – قايتا تەكىتلىگەنلىكىنى قوشۇمچە قىلغان، ئەگەر ئۇنىڭ ياخشىلىقى ئۆزى ئۈچۈنلا بولسا، دۇنيا ئۇنىڭدىن نېمە پايدىلىنىدۇ؛ مۇقەددەس كىتابتىن دەلىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «‹ئەمەللىرىڭ نۇرلۇق بولسۇن›(48) دېگەننىڭ مەنىسى نېمە؟ ئۇنىڭدىن باشقا رەب بىزنى نېمە ئۈچۈن ‹دۇنيانىڭ نۇرى› دەپ چاقىردى؟ نېمە ئۈچۈن بىزنى تاغقا قۇرۇلغان شەھەرگە ئوخشاتتى؟(49) ئەگەر بىز قاراڭغۇلۇقتا نۇر چاچمىغان ۋە تۆۋەندىكىلەر ئارىسىدىن كۆزگە كۆرۈنۈپ تۇرمىغان بولساق؟ ئەگەر چىرىغىڭنى كەمچەن ئاستىغا يوشۇرساڭ،(50) سەن چوقۇم قاراڭغۇلۇقتا بولىسەن ۋە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دۈشمەنلىكىگە دۇچ كېلىسەن. بۇ دۇنيادا بىزنى نۇرلۇق قىلىدىغان ئەمەللەر مۇشۇ: بىزنىڭ ياخشى ئەمەللىرىمىز»(51).
***
ئايالنىڭ ئەۋرىتىنى يېپىشقا بۇيرۇش ئىسلامنىڭ يېڭىلىقى ياكى قۇرئاننىڭ تۇنجى بولۇشى ئەمەس… بىزدىكى نەرسە دەل ئەھلى كىتاب كىتابلىرىدا كەلگەن نەرسىنىڭ ئۆزى!
قۇرئان ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ دەۋەتلىرىدىن كېيىن كېلىپ، «ئىپپەت – نومۇس» قىسسىسىنى ئىجاد قىلمىدى… بەلكى ئۇ ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرى «ئادەم» ئەلەيھىسسالامدىن تارتىپ جاكارلىغان دەۋەت؛ چۈنكى ئىپپەت – نومۇس نورمال ئىنساننىڭ روھىي قۇرۇلمىسىنىڭ نېگىزلىك قىسمى… ھەتتا ھىجاب ئاللاھنىڭ ئىنسانلارغا ئەۋەتكەن ئەلچىلىكلىرىنىڭ ئىزناسى بار ئۈممەتلەر بىلەنلا چەكلەنمەستىن، ئاسمان قانۇنلىرى بويىچە ئىش كۆرمەيدىغان ئۈممەتلەردىمۇ كەڭ تارقالغان ئىدى؛ «ئالۋىن ج. شمىت»نىڭ ئېيتقىنىدەك: «خرىستىيانلىق مەيدانغا چىققاندا، ئايالنىڭ ھىجاب بىلەن يېپىنىشى نۇرغۇن مەدەنىيەتلەردە كەڭ تارقالغان ئىدى؛ ‹ئالفرېد ئېرمىئا› ئۆزىنىڭ ‹شۇمېردىن بۈگۈنگىچە بولغان ھىجاب Der Schleier von Sumer Bis Heute› ناملىق ئالاھىدە تەتقىقاتىدا مەسىھ زامانىدىكى ئاياللارنىڭ شۇمېرىيلىقلار، ئاسسۇرىيلار، بابىللىقلار، مىسىرلىقلار، گرېتسىيەلىكلەر، ئىبرانىيلار، چىنلىقلار ۋە رىملىقلاردا ھىجاب كىيىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.»(52)
دوكتور سامىي ئامىرىي
ھىجاب ئىسلام، يەھۇدىيلىك ۋە خرىستىيانلىقتا ئاللاھنىڭ شەرىئىتى
ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى تەرجىمەسى
1. «ئىلمانىيلار» (ئەرەبچە: علمانيون) فرانسۇزچە laïque سۆزىنىڭ توغرا ئەرەبچە تەرجىمىسى بولۇپ، گرېك تىلىدىكى λαος (لائوس) دېگەن سۆزدىن كەلگەن. بۇ سۆز دۇنيا ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خەلقنى، دىن ئەھلىلىرىگە قارشى مەنىدە ئىپادىلەيدۇ.
2. Katherine Bullock, Rethinking Muslim Women and the Veil, London: The International Institute of Islamic Thought, 2002, p. xxxvi.
3. S. M. Zwemer, Moslem Women, p. 170, Quoted by, Katherine Bullock, op. cit., p.22. Van Sommer and Zwemer, Our Moslem Sisters, p.59, Quoted by, Katherine Bullock, op. cit., p.22.
4. ئىسلام ئالىملىرى نامەھرەم ئەرلەر ئالدىدىكى ئايالنىڭ ئەۋرىتىنىڭ چەك – چېگراسىدا پەرقلىق قاراشلاردا بولغان. بىز بۇ يەردە مەلۇم بىر مەزھەبنى قوللاش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئەڭ تۆۋەن چەك يۈز، ئالىقان ۋە پۇتتىن باشقا پۈتۈن بەدەننى يېپىشتۇر دەيمىز. بىر قىسىم ئالىملار مۇشۇنداق قارايدۇ. يۈز، ئالىقان ۋە پۇتنى يېپىش بولسا بىر قاراشتا «ۋاجىب»، يەنە بىر قاراشتا «سۈننەت» دەپ قارىلىدۇ.
5. قاراشلارنى نەقىل قىلغۇچىلار بۇ ئىستىسنادا پۇتنى تىلغا ئالمايدۇ، كۆپىنچە يۈز ۋە ئالىقاننىلا تىلغا ئالىدۇ.
6. تىرمىزىي (1173). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
7. تىرمىزىي (1731). تىرمىزىي: «سەھىھ» دېگەن.
8. ئىبنى ھەزم: «مەراتىبۇل ئىجماﺋ»، 29 – بەت، دارۇ زاھىد ئەلقۇدسىي نەشرىياتى، قاھىرە.
9. جەزىرىي: «ئەلفىقھۇ ئەلەل مەزاھىبىل ئەربەئە»، 5/47، دارۇل مەنار، قاھىرە. م. 1999.
10. فرانسۇزچە ئاتالغۇ بولۇپ، فرانسىيەلىك بىر قىسىم ئىجتىمائىي پەن ئالىملىرى يىگىرمىنچى ئەسىرنىڭ يەتمىشىنچى يىللىرىدىن باشلاپ كاپىتالىستىك سىستېمىنىڭ رېئاللىقىنى سۈپەتلەش ۋە تەنقىد قىلىش ئۈچۈن تەرەققىي قىلدۇرغان ئۇقۇم.
11. ئابدۇلۋەھھاب ئەلمەسىرىي: «ئەلئىلمانىيە تەھتەل مىجھەر / العلمانية تحت المجهر»، بېيرۇت: دارۇلفىكىر، م. 2000، 56 – بەت.
12. 60 – يىللاردا پەيدا بولغان، 19 – ئەسىردە ئېلىزابېت كادى ستانتون ۋە باشقا فېمىنىستلار ئاساس سالغان ئېقىمدىن پەرقلىق پىكرىي پوزىتسىيە ۋە تەلەپلەر بىلەن تونۇلغان فېمىنىستلىك ئېقىم (Second wave feminism) نى كۆرسىتىدىغان ئاتالغۇ.
13. سىمون دى بۇۋوئار (1908 – 1986): فرانسىيەلىك پەيلاسوپ ۋە رومانچى. ئايالنىڭ ئورنىنى ئۆزگەرتىشكە بولغان ئىنقىلابىي چاقىرىقى بىلەن تونۇلغان.
14. Simone de Beauvoir, The Second Sex, pp. 540, 733 (Quoted by, Wendy Shalit, A Return to Modesty, p.40).
15. يۇقىرىقى مەنبە، 40 – بەت.
16. يۇقىرىقى مەنبە، 24 – بەت.
17. يۇقىرىقى مەنبە، 29 – بەت.
18. يۇقىرىقى مەنبە، 73 – بەت.
19. Andrea Dworkin, Our Blood: Prophecies and Discourses on Sexual Politics, pp. 27, 105 (Quoted by, Wendy Shalit, op. cit., p.112)
20. Mary Ann Lamanna and Agnes Riedmann, Marriage and Families: Making Choices in a Diverse Society, Cengage Learning, 2008, 10 th edition, pp 70-73.
21. ئېپىكۇرچىلىق: قۇرغۇچىسى گرېك پەيلاسوپ ئېپىكۇر (Ἐπίκουρος) (مىلادىدىن بۇرۇنقى 341 – 270)غا نىسبەت. مەسىھنىڭ كېلىشىدىن ئىككى ئەسىر بۇرۇن ئوتتۇرا دېڭىز رايونىغا ھۆكۈمران بولغان پەلسەپە بولۇپ، ئۇنىڭ ئەخلاقىي مەزھىبى بەدەن ۋە قورساق ھۇزۇرىنى ھېكمەتنىڭ غايىسى دەپ قارايتتى.
22. مەزدەكچىلىك: مەزدەك (م.487 – 524) كە نىسبەت. ئايال ۋە ماللارنىڭ ئورتاقلىقىغا چاقىرىدىغان پارس دىنى.
23. غەرب بۈگۈن «پوستمودېرنىزم» مېتودلىرى ئاستىدا ئۆزىنىڭ كېڭەيمىچى پەلسەپىسىنىڭ ئاساسىنى ئالىدىغان مەدەنىيەت گەۋدىسىگە ئەڭ چوڭ تەھدىت سالىدىغان پىكرىي كرىزىسلارنى بېشىدىن كەچۈرمەكتە. چۈنكى ئۇ مۇتلەق ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغاندىن كېيىن، بىر – بىرى بىلەن توقۇنۇشىدىغان، تولۇقلانمايدىغان پىكىر مەكتەپلىرى ئۈستۈنلۈك قازىنىپ، ئىنساننى مۇرەككەپ قۇرۇلمىسىنىڭ يىغىندىسىدىن بىر ئاددىي تەرەپكە، بەلكىم ھەتتا ئۇنىڭ قۇرۇلمىسىنىڭ ماھىيىتىگە يات بىر تەرەپكە قىسقارتىدىغان ئىدېئولوگىيەلىك، پەلسەپىۋى ۋە ئىلمىي ئېقىملار بېسىپ كىردى. شۇنداق قىلىپ ئۇ بىر قېتىم «ئىستېمالچى مەخلۇق»، يەنە بىر قېتىم «جۇغراپىيەلىك مەخلۇق»، ئۈچىنچى قېتىم «چەكسىز قويۇپ بېرىلگەن مەخلۇق»، تۆتىنچى قېتىم «يەرگە قوزۇق بىلەن باغلانمىغان قىممەتسىز مەخلۇق»… بولۇپ قالدى!
24. فىلىپ دى ۋىلىئېرس Philippe de Villiers بۇ سۆزنى ساركوزىدىن ئۇلارنىڭ خۇسۇسىي سۆھبىتىدە نەقىل قىلغان. ئۇ ساركوزىنىڭ يېقىن كىشىلىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇ سۆھبەتتىن بەزى نەرسىلەرنى «Famille Chretienne» ژۇرنىلى بىلەن بولغان مۇخبىرلىق ئۇچرىشىشىدا كۆرسەتكەن ۋە بۇ خەۋەر نۇرغۇن تور بەتلىرىدە تارقالغان. («Famille Chretienne» ژۇرنىلىدىن نەقىل)
25. فرانسۇزلار 2009 – يىلى چەت تىللارنى پۈتۈنلەي بىلمەسلىكى ۋە باشقىلار بىلەن «ئەدەبلىك» مۇئامىلە قىلالماسلىقى سەۋەبىدىن «ئەڭ ناچار» «ساياھەتچىلەر» دەپ تەسنىپلەندى. بۇ شۈبھىسىزكى فرانسىيەنىڭ دوگماتىك مائارىپ تۈزۈمىنىڭ بۇزۇلغانلىقى ۋە فرانسۇزلارنىڭ كۆزقارىشىنىڭ (بۇرژۇئازىيە) فرانسىيە ئىنقىلابىدىن باشلىنىپ فرانسىيەنىڭ ھەربىي مۇستەملىكىچىلىكىنىڭ پارلاقلىقى يوقالغان يىگىرمىنچى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئاخىرلىشىپ يوقاپ كەتكەن قىممەت ۋە بىلىم قېلىپلىرىدا چەكلىنىپ قالغانلىقىنىڭ نەتىجىسى.
26. مەقسەتلىك ھالدا ھەقىقەتنى جەمئىيەتنىڭ بەزى قاتلاملىرىنىڭ بىلىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغۇچىلار. جاھالەتچى، مۇتەئەسسىب دىندارلار دېگەن مەنىدە. – ت.
27. دوكتور مۇھەممەد ئۇمارە تېلېۋىزور سۆھبىتىدە ئەرەب فېمىنىستلىرىنىڭ رەھبىرى نەۋال سەئداۋىيغا بۇ سوئالنى قويغان بولسىمۇ، ئۇ ھېچقانداق جاۋاب بېرەلمىگەن!!
28. Yvonne Ridley, How I came to Love the Veil.
يازغۇچىنىڭ تور بېتىدىن.
29. ستاتىستىكانىڭ رەسمىي تور بەت ئۇلانمىسى:
http://www.dol.gov/wb/factsheets/20lead2007.htm (11/25/2009)
30. Yvonne Ridley, How I came to Love the Veil.
31. گەرچە فېمىنىستلىك تەتقىقاتلار Dorothy Smith ئېيتقاندەك «ئايال»نى «ئايال»نى چۈشىنىشنىڭ بىردىنبىر مەنبەسى دەپ قاراپ، ئۇنى «تېما» ۋە «ئۆلچەم» دەپ قارىسىمۇ، نۇرغۇن فېمىنىستلار تىلغا ئالغاندەك، ئۈچىنچى دۇنيا، قارا تەنلىكلەر ۋە مۇسۇلمان ئاياللار بۇنىڭدىن مۇستەسنا! (قاراڭ: Katherine Bullock, op. cit, p.39)
32. Ali Shehata, Heather El Khiyari and Julie S. Mair, Demystifying Islam: Your Guide to the Most Misunderstood Religion of the 21st Century, Florida: Elysium River Press, 2007, p.265.
33. Katherine Bullock, op. cit., p.xiii.
34. بۇ روھىي نىكاھلىنىش بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن راھىبە تويلۇق بېرىدۇ. مىسال ئۈچۈن قاراڭ:
Saint Alphonso Liguori, True Spouse of Jesus Christ or The Nun Sanctified by the Virtues of her State, Dublin: John Coyne, 1835.
35. بۇ تائىپەنىڭ پەلسەپەسى ۋە تارىخى ئۈچۈن قاراڭ:
Frances Merrill, Among the Nudists, Early Naturism, Read Books, 2008.
بۇ كىتاب 1930 – يىلى نەشر قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاممىۋى سورۇنلاردا يالىڭاچ بولۇش ھەققى قوغدالغان.
36. Andrea Dworkin, Woman Hating, p.174 (Quoted by, Wendy Shalit, op. cit., p.197).
37. Wendy Shalit, op. cit., p.107.
38. Victor E. Taylor and Charles E. Winquist, eds. Encyclopedia of Postmodernism, art. ‘Feminism and postmodernism,’ London: Routledge, 2003, p.118.
39. Wendy Shalit, op. cit., p.8.
40. بۇخارىي (6243)؛ مۇسلىم (2657).
41. ئىمام ئىبنۇلقەييىم: «ئەلجەۋابۇل كافىي»، دارۇل كۇتۇبىل ئىلمىييە، بېيرۇت، 105 -، 106 – بەتلەر.
42. يالىڭاچچىلىق «playgirl» ژۇرنىلىدىن جىنسىي قوزغىتىىدىغان ھالەتتىكى ئەرلەرنىڭ سۈرەتلىرى چىقىرىلغان بىرقانچە سان نەشر قىلىنغاندىن كېيىن: «York New Post» گېزىتى ئاياللار بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتتە بەش ئايالدىن تۆرتى: بۇ ژورنالدا ئېلان قىلىنغان ئەرلەرنىڭ جىنسىي غىدىقلايدىغان يالىڭاچ سۈرەتلىرى ئۇلار ئۈچۈن تەسىر قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
«Are pictures of naked men sexy?»: New York Post woman-on-the-street interview, December 29, 1997 (Quoted by, Wendy Shalit, op. cit., p.116.
43. Wendy Shalit, op. cit., p.90.
44. Boswell, John, Christianity, Social tolerance, and Homosexuality: Gay People in Western Europe from the Beginning of the Christian Era to the Fourteenth Century , Chicago: University of Chicago Press, 1980.
45. كاتولىك مەزھەبى (Catholicism): روما (رىم) دىكى ۋاتىكان پاپاسى روھانىي رەھبەرلىكىدىكى چېركاۋلارغا ئەگەشكۈچىلەرنىڭ مەزھەبى بولۇپ، خرىستىيان دىنىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ۋە ئەڭ چوڭ مەزھەبىدۇر. مۇرتلىرى دۇنيا يۈزىدە تەخمىنەن 1 مىليارد 200 مىليون ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ياۋروپا ۋە لاتىن ئامېرىكىسىدا ياشايدۇ. كاتولىكلەر ئىچىدە ۋاتىكان پاپاسىغا بىۋاسىتە قاراشلىق بولمىغان قىبتىي، مارۇنىي، سۈريانىي، ئەرمەنىي ۋە كەلدانىي قاتارلىق ئوتتۇرا شەرق كاتولىك چېركاۋلىرىمۇ بار. كاتولىكلار ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ئىلاھلىق جەھەتتە ئاللاھ تائالا بىلەن تەڭ، روھۇلقۇددۇس ئۇ ئىككىسىدىن كېلىپ چىققان دەپ ئېتىقاد قىلىشىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ بۇ دېگەنلىرىدىن پاكتۇر. ناسىر ئىبنى ئابدۇللاھ ئەلقىفارىي: «الموجز في الأديان والمذاهب المعاصرة (ھازىرقى زامان دىن ۋە مەزھەبلىرى توغرىسىدا قىسقىچە بايان)»، 76 – بەت، دارۇسسۈمەيئىي، رىياد، ھ. 1413 / م. 1992. – ت.
«Are pictures of naked men sexy?»: New York Post woman-on-the-street interview, December 29, 1997 (Quoted by, Wendy Shalit, op. cit., p.116.
46. Catechism of the Catholic Church, D.C.: USCCB Publishing, 2000, 2 nd edition, p. 604, 605.
47. «فىلىفىلىلەر»: 4: 5، 8؛ «روما»: 12: 17؛ «2كورىنتلىقلار»: 8: 21.
48. «مەتتا»: 5: 16.
49. «مەتتا»: 5: 14.
50. «مەتتا»: 5: 14؛ «ماركوس»: 4: 21؛ «لۇكا»: 8:16، 11: 33.
51. Tertullian, ‘On the Apparel of Women,’ in The Ante-Nicene Fathers,
New York: Charles Scribner’s Sons, 1907, 4/25.
52. Alvin J. Schmidt, Veiled and Silenced, How Culture Shaped Sexist Theology, Geogia: Mercer University Press, 1990, p.112.