Qiyametning chong alametlirining dawami

قىيامەتنىڭ چوڭ ئالامەتلىرىنىڭ داۋامى

(4)، (5)، (6)
ئۈچ قېتىملىق يەر يۇتۇشنىڭ يۈز بېرىشى

كىشىلەرنى ئالاقزادە قىلىۋېتىدىغان ۋە تەسىرى چوڭ بولىدىغان ئۈچ قېتىملىق يەر يۇتۇشنىڭ يۈز بېرىشى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خەبەر بەرگەن قىيامەتنىڭ چوڭ ئالامەتلىرىدىندۇر.

يەر يۇتۇشنىڭ مەنىسى

يەر يۇتۇش — «يەر يېرىلىپ، يەر ئۈستىدىكى نەرسىلەرنىڭ يەر ئاستىغا كىرىپ غايىب بولۇپ كېتىشى» دېگەنلىكتۇر.

ھازىرغا قەدەر دەرىجىسى ۋە كۆلىمى پەرقلىق ھالدا بىرقانچە تۈرلۈك يەر يۇتۇش ھادىسەسى يۈز بەرگەن.

لېكىن، ھەدىستە كۆرسىتىلگەن يەر يۇتۇش ھادىسەسىنىڭ تەسىرى چوڭ بولۇپ، خەۋىرى ھەممە يەرگە تارايدۇ.

ھەدىستە كەلگەن ئۈچ قېتىملىق يەر يۇتۇش ھادىسەسى ۋە قىيامەتنىڭ باشقا ئالامەتلىرى ئاخىر زاماندا يۈز بېرىدۇ.

يەر يۇتۇش ھادىسەسى ھەققىدە كەلگەن ھەدىسلەر

ھۇزەيفە ئىبنى ئەسىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى: «بىز قىيامەت ھەققىدە سۆزلىشىۋاتاتتۇق، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قېشىمىزغا چىقىپ:

— نېمە توغرىسىدا سۆزلىشىۋاتىسىلەر؟ — دەپ سورىدى. بىز:

— قىيامەت ھەققىدە سۆزلىشىۋاتاتتۇق، — دېگەنىدۇق، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— سىلەر قىيامەتتىن بۇرۇن ئون خىل ئالامەتنى كۆرمەي تۇرۇپ قىيامەت قايىم بولمايدۇ. ئۇلار تۈتۈن، دەججال، غەلىتە مەخلۇق، قۇياشنىڭ مەغرىپتىن چىقىشى، مەريەم ئوغلى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ چۈشۈشى، يەجۈج – مەجۈجلەرنىڭ چىقىشى، مەشرىقتە بىر قېتىم، مەغرىبتە بىر قېتىم ۋە ئەرەب يېرىم ئارىلىدا بىر قېتىم يەر يۇتۇش ھادىسەسىنىڭ يۈز بېرىشى، ئەڭ ئاخىرىدا يەمەندىكى (ئەدەن) تەرەپتىن بىر ئوت چىقىپ، ئىنسانلارنى مەھشەرگاھقا ھەيدىشى، — دېدى»(1).

ئومۇمەن يەر يۇتۇش ھەققىدە كەلگەن ھەدىسلەر

بەزى ھەدىسلەردە ئۈچ قېتىملىق چوڭ يەر يۇتۇشنىڭ بىرى بولغان ئەرەب يېرىم ئارىلىدا يۈز بېرىدىغان يەر يۇتۇش ھادىسەسىنىڭ ئورنى ۋە سەۋەبى بايان قىلىنغان.

ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «بىر خەلىفە ۋاپات بولغاندا، مۇسۇلمانلار ئارىسىدا (خەلىفەلىك ھەققىدە) ئىختىلاپ چىقىدۇ، مەدىنە ئەھلىدىن بولغان قۇرەيشلىك بىر ئادەم (ئىختىلاپتىن قېچىپ) مەككەگە كېلىدۇ. مەككەدىكى بىر تۈركۈم كىشىلەر ئۇنى مەجبۇرىي كەئبەگە ئېلىپ چىقىپ، رۇكنى بىلەن ماقامى ئىبراھىم ئارىسىدا ئۇنىڭغا بەيئەت قىلىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭغا قارشى شامدىن لەشكەر ئەۋەتىلىدۇ، ئۇلار (مەككە بىلەن مەدىنە ئارىسىدىكى) بىر دالاغا كەلگەندە، يەر يۇتۇپ كېتىدۇ. ئۇ خەبەر كىشىلەرگە يەتكەندىن كېيىن، شام ۋە ئىراق ئەھلىدىن ياخشى كىشىلەر كېلىپ، ئۇنىڭغا بەيئەت قىلىدۇ»(2).

بەزىبىر گۇناھ – مەئسىيەتلەرگە جازا بولىدىغان باشقا يەر يۇتۇشلار ھەققىدە كەلگەن ھەدىسلەر

ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «بۇ ئۈممەتتىن بىر قەۋم يېمەك – ئىچمەك ۋە ئويۇن – كۈلكە ئىچىدە كېچىنى ئۆتكۈزۈپ، تاڭ ئاتقاندا چوشقىلارغا ئايلاندۇرۇلىدۇ، بەزى قەبىلىلەردىكى كىشىلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ قورۇ – جايلىرىنى يەر يۇتىدۇ. تاڭ ئاتقان چاغدا كىشىلەر: ‹كېچە پالانچىنىڭ ئوغلىنى ۋە پالانچىنىڭ ئوغلىنىڭ قورۇ – جايلىرىنى يەر يۇتۇۋېتىپتۇ، ئىلگىرىكىلەر ھاراق ئىچكەنلىكى، ئۆسۈم ئالغانلىقى، يىپەك كىيگەنلىكى، ناخشىچى قىز – ئاياللارنىڭ كەڭ تارقالغانلىقى ۋە تۇغقاندارچىلىقنى ئۈزگەنلىكى سەۋەبىدىن ھالاك قىلىنغىنىدەك، ئۇلارغىمۇ قاتتىق بوران ۋە تاشلار ئەۋەتىلىپ ئۇلارمۇ پۈتۈنلەي ھالاك قىلىنىپتۇ› دېيىشىدۇ». ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم باشقا ئىشلارنىمۇ تىلغا ئالغان ئىدى، ئۇلارنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن» دېگەن(3).

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئۈممىتىمدە يەر يۇتۇش، شەكلى ئۆزگەرتىلىش ۋە تاش يېغىش ھادىسىلىرى بولىدۇ»(4) دېگەن.

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلغان يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «بىر ئادەم ھاكاۋۇرلۇقتىن تامبىلىنى يەرگە سۆرەپ كېتىۋاتقىنىدا، ئۇنى يەر يۇتۇۋېتىدۇ، ئۇ قىيامەتكىچە يەر ئاستىغا چۆكۈۋېرىدۇ»(5) دېگەن.

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئى ئەنەس! ئىنسانلار كۆپ شەھەرلەرنى قۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدە (ئىسمى) ‹بەسرە› ياكى ‹بۇسەيرە› دەپ ئاتىلىدىغان بىرى بولىدۇ. ئەگەر سەن ئۇ يەردىن ئۆتۈپ قالساڭ ياكى ئۇ شەھەرگە كىرسەڭ، ئۇنىڭ شورلۇقىدىن، ئوتلىقىدىن، بازىرىدىن ۋە ئەمىرلىرىنىڭ دەرۋازىسىدىن يىراق تۇرغىن. ئۇ شەھەرنىڭ ئەتراپىدا ئىستىقامەت قىلغىن. چۈنكى، ئۇ يەردە يەر يۇتۇش، تاش يېغىش ۋە يەر تەۋرەش ھادىسىلىرى يۈز بېرىدۇ. ئۇ يەردە بىر قەۋم كەچقۇرۇن ئىنسان ھالىتىدە ياتىدۇ، ئەمما تاڭ ئاتقاندا، مايمۇن ۋە توڭگۇز شەكلىدە قوپىدۇ»(6).

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىستە كىشىلەرنىڭ «بەسرە» دېيىلىدىغان بىر شەھەر قۇرىدىغانلىقىنى، ئۇ شەھەردە يەر يۇتۇش، تاش يېغىش، يەر تەۋرەش ۋە شەكىل ئۆزگىرىش ھادىسىلىرى يۈز بېرىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ئۇ يەرگە كىرگەندە ئۇنىڭ شورلۇق يەرلىرىدىن، ئوتلىقىدىن، كىشىلەر يىغىلىپ سودا – سېتىق قىلىشىدىغان بازارلىرىدىن ئاگاھلاندۇرغان ۋە يەنە ئۇنى زالىم ئەمەلدارلارنىڭ دەرۋازىلىرىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇنىڭغا (بەسرەنىڭ ئەتراپلىرى بۇ ھادىسەلەردىن يىراق بولىدىغانلىقى ئۈچۈن) بەسرەنىڭ ئەتراپىنى تەۋسىيە قىلغان.

نافىئ‍ رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى: «بىر ئادەم ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ يېنىغا كېلىپ:

— پالانچى ساڭا سالام ئېيتتى، — دېۋىدى، ئۇ:

— ماڭا ئۇنىڭ بىدئەت پەيدا قىلغانلىقى يەتتى. ئەگەر ئۇنىڭ بىدئەت پەيدا قىلغانلىقى راست بولسا، مەندىن ئۇنىڭغا سالام ئېيتما! مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: ‹ئۈممىتىم ئىچىدە ياكى بۇ ئۈممەتتە شەكلى ئۆزگەرتىلىش، يەر يۇتۇش ۋە تاش يېغىش ھادىسىلىرى بولىدۇ. بۇلار قەدەرىييەلەر ئىچىدە يۈز بېرىدۇ› دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان، — دېدى»(7).

مانا بۇ ھەدىسلەردە بۇ ئۈممەتتە بىرقانچە تۈرلۈك يەر يۇتۇش يۈز بېرىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

زامان ئاخىرىدا يۈز بېرىدىغان ئۈچ قېتىملىق چوڭ يەر يۇتۇش ھادىسىلىرىنىڭ بىرىنىڭ ئورنى ۋە سەۋەبى ئالدىنقى ھەدىستە بايان قىلىنغان، قالغان ئىككىسىمۇ زامان ئاخىرىدا يۈز بېرىدۇ، لېكىن مەن ئۇ ئىككىسىنىڭ ئورنى ۋە سەۋەبىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بىرەر ھەدىسنى ئۇچراتمىدىم.

(7)
ئاسماننى تۈتۈن قاپلىشى

قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى بىرقانچە تۈرلۈك بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى زېمىنغا ئالاقىدار يەر يۇتۇش ۋە قۇرغاقچىلىق بولسا، بەزىلىرى ئاياللارنىڭ كۆپىيىپ، ئەرلەرنىڭ ئازىيىپ كەتكىنىگە ئوخشاش ئىنسانلارغا ئالاقىدار بولىدۇ ۋە يەنە بەزىلىرى زىنانىڭ تارقىلىپ كەتكىنىگە ئوخشاش ئەخلاققا ئالاقىدار بولسا، يەنە بەزىلىرى تۈتۈنگە ئوخشاش ئاسمان ۋە پەلەككە ئالاقىدار بولىدۇ.

* تۈتۈندىن نېمە مەقسەت قىلىنىدۇ؟

* بۇ ئالامەت يۈز بەردىمۇ؟

* ئۇنىڭدىكى ھېكمەت نېمە؟

قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىن بولغان بۇ ئالامەتنىڭ دەلىلى ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزىدۇر: ﴿(ئى مۇھەممەد!) سەن ئاسمان (ھەممە ئادەم) ئوچۇق (كۆرىدىغان) تۈتۈننى كەلتۈرىدىغان كۈندە (ئۇلارغا بولىدىغان ئازابنى) كۈتكىن. (ئۇ تۈتۈن) كىشىلەرنى ئورىۋالىدۇ، بۇ قاتتىق ئازابتۇر. (ئۇلار) «پەرۋەردىگارىمىز! بىزدىن ئازابنى كۆتۈرۈۋەتكىن، بىز ھەقىقەتەن ئىمان كەلتۈرگۈچىدۇرمىز» (دەيدۇ). (ئازاب كۆتۈرۈلۈپ كەتكەندە) ئۇلار قانداقمۇ ئىبرەت ئالسۇن، ھالبۇكى، ئۇلارغا روشەن پەيغەمبەر كەلدى (شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلار ئىمان ئېيتمىدى)﴾(44/«دۇخان»: 10 — 13).

ئايەتتە كەلگەن تۈتۈندىن نېمە مەقسەت قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئالىملارنىڭ ئىككى خىل قاراشتا بولغانلىقى

1. بىر قىسىم ئالىملار: «بۇ تۈتۈن بولسا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆزىگە ئاۋاز قوشمىغان قۇرەيشكە بەددۇئا قىلغاندا، ئۇلارغا يەتكەن قىيىنچىلىق ۋە ئاچارچىلىق ئىدى، ئۇلار ئاسمانغا قارىسا ئاچلىقتىن كۆزلىرى قاراڭغۇلىشىپ ئاسمان تۈتۈندەك كۆرۈنەتتى» دەپ قارىغان. ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە سەلەف سالىھلاردىن بىر قىسىم كىشىلەر بۇ خىل كۆزقاراشتا بولغان. ئىبنى جەرىر تەبەرىي بۇ كۆزقاراشنى كۈچلەندۈرگەن(8).

مەسرۇق ئىبنى ئەجدە رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: «بىز ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىدا ئولتۇراتتۇق، بىر ئادەم كېلىپ:

— ئى ئەبۇ ئابدۇرراھمان! بىر مەدداھ: ‹تۈتۈن ئالامىتى كېلىپ، كافىرلارنىڭ نەپىسىنى سىقىدۇ، مۇئمىنلەرنى بولسا زۇكامداپ قالغاندەك قىلىپ قويىدۇ› دەۋاتىدۇ، — دېۋىدى، ئۇ غەزەپلەنگىنىچە رۇس ئولتۇرۇپ:

— ئى خالايىق! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، كىمكى بىلسە، بىلىمى بىلەن سۆزلىسۇن. بىلمىسە: ‹ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ› دېسۇن. بىلمەيدىغان نەرسىنى: ‹مەن بىلمەيمەن، ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ› دېيىشمۇ بىلىمنىڭ قاتارىدىندۇر. چۈنكى، ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىگە: ﴿ئېيتقىنكى، (ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ۋەھيىنى) تەبلىغ قىلغانلىقىمغا سىلەردىن ھېچ ھەق تەلەپ قىلمايمەن، مەن (قۇرئاننى) ئىپتىرا قىلغۇچىلاردىن (يەنى يالغاندىن توقۇغۇچىلاردىن) ئەمەسمەن﴾(38/«ساد»: 86) دەپ ئېيتقان. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قۇرەيشنىڭ ئىسلامدىن باش تارتقانلىقىنى كۆرۈپ: ‹ئى ئاللاھ! بۇلارنى يۈسۈفنىڭ يەتتە يىلىغا ئوخشاش يەتتە يىل قەھەتچىلىككە مۇپتىلا قىلغىن!› دەپ بەددۇئا قىلغان ئىدى. ئۇلارغا قەھەتچىلىك يېتىپ، بارلىق نەرسىلەرنى قۇرۇتۇۋەتتى. ھەتتا كىشىلەر ئاچلىقتىن تېرە، ھايۋان ئۆلۈكلىرىنى يېيىشكە باشلىدى. ئۇلارنىڭ بىرى ئاسمانغا قارىسا، ئاچلىقتىن كۆزلىرى قاراڭغۇلىشىپ ئاسمان ئىس – تۈتەكتەك كۆرۈنەتتى، — دېدى»(9).

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «قۇتۇلغىلى بولمايدىغان ئازاب، رىمنىڭ غەلىبىسى، قاتتىق تۇتۇش، ئاينىڭ ئىككى پارچە بولۇشى ۋە تۈتۈن قاتارلىق بەش تۈرلۈك ئالامەت مەيدانغا كېلىپ بولدى»(10).

2. كۆپ ساندىكى ئالىملار: «بۇ تۈتۈن قىيامەتنىڭ تېخى يۈز بەرمىگەن ئالامەتلىرىدىن بولۇپ، قىيامەت يېقىنلاشقاندا يۈز بېرىدۇ» دەپ قارىغان. ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب، ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس ۋە ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇم قاتارلىقلار بۇ خىل كۆزقاراشتا بولغان.

ھافىز ئىبنى كەسىر رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى بۇ ئالامەتكە دەلىل كەلتۈرگەندە تىلغا ئېلىنغان ھەدىسلەرنى دەلىل قىلىپ تۇرۇپ، بۇ خىل كۆزقاراشنى كۈچلەندۈرگەن.

يەنە بىر قىسىم ئالىملار بۇ ھەقتە كەلگەن رىۋايەتلەرنى بىر – بىرىگە باغلاپ چۈشىنىشنى تەشەببۇس قىلىپ: «ئۇ ئىككىسى ئايرىم – ئايرىم تۈتۈندۇر، بىرى كۆرۈنۈپ بولغان، يەنە بىرى ئاخىر زاماندا كۆرۈلىدۇ» دەپ قارىغان. ئەمما، كۆرۈلۈپ بولغان بىرىنچى ئالامەت بولسا ئۇ قۇرەيش كۆرگەن تۈتۈنگە ئوخشاش نەرسە بولۇپ، بۇ تۈتۈن قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلىدىغان چاغدا بولىدىغان ھەقىقىي تۈتۈن ئەمەس.

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيتتى: «ئۇ ئىككىسى ئىككى تۈتۈن بولۇپ، بىرى كۆرۈلۈپ بولغان، يەنە بىرى ئاسمان – زېمىنغا تولۇپ كېتىدۇ. مۇئمىن كىشى پەقەت زۇكامداپ قالغاندەك ھېس قىلىدۇ. كافىرنىڭ قۇلاقلىرىدىن تېشىپ ئۆتۈپ كېتىدۇ»(11).

كۈچلۈك قاراش شۇكى، ھەقىقەتەن بۇ تۈتۈن قىيامەتنىڭ تېخى يۈز بەرمىگەن ئالامەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ ئۇقۇم قۇرئاندىن چۈشىنىلگەن. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿(ئى مۇھەممەد!) سەن ئاسمان (ھەممە ئادەم) ئوچۇق (كۆرىدىغان) تۈتۈننى كەلتۈرىدىغان كۈندە (ئۇلارغا بولىدىغان ئازابنى) كۈتكىن﴾(44/«دۇخان»: 10).

ئەمما، ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قۇرەيش ئاھالىسى يولۇققان ئەھۋال ھەققىدە تىلغا ئالغىنى پەقەت قاتتىق ئاچارچىلىق ۋە قىيىنچىلىقتىن ئۇلارنىڭ كۆزلىرىگە كۆرۈنگەن بىر خىيال ئىدى.

تۈتۈن ھەققىدە كەلگەن ھەدىسلەر

ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بىز قىيامەت ھەققىدە سۆزلىشىۋاتاتتۇق، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قېشىمىزغا چىقىپ:

— نېمە توغرىسىدا سۆزلىشىۋاتىسىلەر؟ — دەپ سورىدى. بىز:

— قىيامەت ھەققىدە سۆزلىشىۋاتاتتۇق، — دېگەنىدۇق، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— سىلەر قىيامەتتىن بۇرۇن ئون خىل ئالامەتنى كۆرمەي تۇرۇپ قىيامەت قايىم بولمايدۇ، — دەپ تۈتۈن، دەججال… قاتارلىقلارنى تىلغا ئالدى»(12).

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئالتە ئىش يېتىپ كېلىشىدىن بۇرۇن ياخشى ئەمەللەرگە ئالدىراڭلار. ئۇلار كۈننىڭ مەغرىپتىن چىقىشى، تۈتۈن(نىڭ يۈز بېرىشى)، دەججالنىڭ چىقىشى، زېمىندىن بىر تۈرلۈك ھايۋاننىڭ چىقىشى، ھەربىرىڭلارنىڭ ئۆلۈمى ۋە قىيامەتنىڭ بولۇشى قاتارلىقلار»(13).

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبى مۇلەيكە رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: «بىر كۈنى ئەتىگەندە مەن ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ يېنىغا باردىم. ئۇ ماڭا:

— مەن تاڭ ئاتقۇچە ئۇخلىيالمىدىم، — دېدى. مەن:

— نېمىشقا ئۇخلىيالمىدىڭ؟ — دەپ سورىسام، ئۇ:

— كىشىلەر ‹قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزلار چىقىپتۇ› دېگەنىدى، ‹ئەمسە تۈتۈن سوزۇلۇۋاتقان ئوخشايدۇ› دەپ قورقۇپ، تاڭ ئاتقۇچە ئۇخلىيالمىدىم، — دېدى»(14).

دېمەك، ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ تۈتۈندىن قورقۇشى تۈتۈننىڭ قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىگە دەلىلدۇر.

(8)
بىر تۈرلۈك ھايۋاننىڭ چىقىشى

ئاخىر زاماندا پاساتچىلىقنىڭ تارقىلىشى، چەكلەنگەن ئىشلارنىڭ ئوچۇق – ئاشكارا قىلىنىشى ۋە كىشىلەرنىڭمۇ شۇنىڭغا ئادەتلىنىشى نەتىجىسىدە ئارغامچا بىلەن ئوۋ ئوۋلىغۇچى ئوق ئېتىپ ئوۋ ئوۋلىغۇچىغا، مۇئمىن مۇناپىققا، بەلكى مۇسۇلمان كافىرغا ئارىلىشىپ كېتىدۇ، دەل شۇ چاغدا ئاللاھ تائالا بىر تۈرلۈك ھايۋاننى چىقىرىدۇ.

* بۇ ھايۋان قانداق ھايۋان؟

* قاچان، قەيەردىن چىقىدۇ؟

* ئۇنىڭ ۋەزىپىسى نېمە؟

بۇ ھايۋان ھەققىدە كەلگەن ئايەتلەر

ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئۇلار (يەنى كۇففارلار) غا ئالدىنئالا ئېيتىلغان سۆز ئىشقا ئاشقاندا (يەنى ئازاب ۋە قىيامەت يېقىنلاشقاندا)، ئۇلارغا زېمىندىن بىر تۈرلۈك ھايۋاننى چىقىرىمىزكى، ئۇ ئۇلارغا ئىنسانلارنىڭ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىشەنمىگەنلىكىنى سۆزلەيدۇ﴾(27/«نەمل»: 82).

ئاللاھ تائالانىڭ ﴿تُكَلِّمُهُمۡ﴾ دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى ھەققىدە بەزى مۇفەسسىرلەر: «‹ئۇ ئۇلارغا سۆزلەيدۇ› دېگەن مەنىدە» دېسە، يەنە بەزىلەر: «‹ئۇ ئۇلارنى زەخىملەندۈرىدۇ› دېگەن مەنىدە» دەپ قارىغان.

بۇ ھايۋاننىڭ سۈپىتى ھەققىدە سەھىھ ھەدىس كەلمىگەن. ماۋەردىي ۋە سەئلەبىي ئۇنىڭ سۈپىتى ھەققىدە ھېچبىر دەلىلسىزلا: «ئۇنىڭ بېشى بۇقىنىڭ بېشىغا ئوخشاش، قۇلىقى پىلنىڭ قۇلىقىغا ئوخشاش…» دېگەندەك ھەيران قالارلىق گەپلەرنى قىلغان.

لېكىن، ئۇنىڭ سۈپەتلىرىدىن تۆۋەندىكىلەرنى بىلەلەيمىز:

ئۇنىڭ بىر ھايۋان ئىكەنلىكى؛

ئۇنىڭ كىشىلەر بىلەن پاراڭلىشىدىغانلىقى؛

ئۇنىڭ زېمىندىن چىقىدىغانلىقى.

بۇ ھايۋان قەيەردىن چىقىدۇ؟

بەزىلەر: «ئۇ مەككەدىكى سافا تېغىدىن چىقىدۇ» دېسە، بەزىلەر: «كەئبەنىڭ ئاستىدىن چىقىدۇ» دېگەن. يەنە بەزىلەر: «باياۋانلاردىن چىقىدۇ» دېگەن.

ئۇنىڭ قەيەردىن چىقىدىغانلىقى ھەققىدە سەھىھ ھەدىسلەر كەلمىگەن. شۇڭا، بىز ئۇنىڭ ئاللاھ تائالا بايان قىلغىنىدەك چىقىدىغانلىقىغا ئىمان ئېيتىمىز، لېكىن قەيەردىن چىقىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز.

بۇ ھايۋان قانداق ھايۋان؟

بەزىلەر: «ئۇ ئىنسانلار بىلەن مۇنازىرە قىلىدىغان بىر ئادەم» دېگەن. لېكىن، بۇ قاراش ئاساسسىز بىر قاراشتۇر. بەزىلەر: «ئۇ سالىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ تۆگىسى» دېسە، يەنە بەزىلەر: «سالىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ تۆگىسىنىڭ بالىسى» دېگەن.

بۇ ھايۋان نېمە ئىش قىلىدۇ؟

ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿ئۇلار (يەنى كۇففارلار) غا ئالدىنئالا ئېيتىلغان سۆز ئىشقا ئاشقاندا (يەنى ئازاب ۋە قىيامەت يېقىنلاشقاندا)، ئۇلارغا زېمىندىن بىر تۈرلۈك ھايۋاننى چىقىرىمىزكى، ئۇ ئۇلارغا ئىنسانلارنىڭ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىشەنمىگەنلىكىنى سۆزلەيدۇ﴾(27/«نەمل»: 82) دېگەن ئايىتىدە كەلگىنىدەك، ئۇ ھايۋان ئىنسانلارغا ئۇلارنىڭ (يەنى ئىنسانلارنىڭ) ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە ئىشەنمىگەنلىكىنى سۆزلەيدۇ.

بۇ ھايۋان كىشىلەر(نىڭ بۇرنى) نى داغماللايدۇ

ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «بىر تۈرلۈك ھايۋان چىقىپ، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ بۇرنىنى داغماللايدۇ، ئاندىن ئۇلار (يەنى داغماللانغانلار) ئاراڭلاردا ياشايدۇ. ھەتتا بىر كىشى تۆگە سېتىۋالغان بىر كىشىدىن:

— (تۆگىنى) كىمدىن سېتىۋالدىڭ؟ — دەپ سورىسا، ئۇ:

— بۇرنى داغماللانغانلارنىڭ بىرىدىن سېتىۋالدىم، — دەپ جاۋاب بېرىدۇ»(15).

بۇ بەلگە قانداق بولىدۇ؟ ئۇ داۋاملىشامدۇ؟

كېيىنكى ئەۋلادلىرىدىمۇ بۇ بەلگە بولامدۇ؟

بۇ ھايۋان ئىنسانلارغا بەلگە قىلىپ، ھەق باتىلدىن ۋە مۇئمىن كافىردىن ئايرىلغاندىن كېيىن نېمە ئىشلار يۈز بېرىدۇ؟

مۇشۇ ھالەت كىشىلەر بىر – بىرىنى «ئى مۇئمىن!» ياكى «ئى كافىر!» دەپ چاقىرغانغا قەدەر مەلۇم ۋاقىت داۋاملىشىدۇ.

ئاللاھ تائالا قىيامەت قايىم بولۇشنى ئىرادە قىلغان چاغدا، مەيىن شامال ئەۋەتىپ مۇئمىنلەرنىڭ روھلىرىنى قەبزى قىلىدۇ. چۈنكى، ياخشى ئىنسان قالمىغاندىلا قىيامەت قايىم بولىدۇ. مۇئمىنلەرنى ئەڭ چوڭ قورقۇنچمۇ غەم – قايغۇغا سالالمايدۇ.

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «دەججال ئۈممىتىمنىڭ ئىچىدىن چىقىدۇ ۋە 40 (ۋاقىت) تۇرىدۇ (راۋىي: «40 كۈن دېدىمۇ، 40 ئاي دېدىمۇ ياكى 40 يىل دېدىمۇ، بۇ ئېنىق ئېسىمدە قالماپتۇ» دەيدۇ) شۇ چاغدا، ئاللاھ تائالا ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ئەۋەتىدۇ (ئۇ ئۇرۋە ئىبنى مەسئۇدقا ئوخشاپ كېتىدۇ). ئۇ دەججالنى ئىزدەپ تېپىپ ئۆلتۈرىدۇ. ئاندىن ئىنسانلار يەتتە يىل ئىناق – ئىتتىپاق ياشايدۇ. ئاندىن ئاللاھ تائالا شام تەرەپتىن سوغۇق شامال ئەۋەتىدۇ. يەر يۈزىدە قەلبىدە زەررە چاغلىق ياخشىلىق ياكى ئىمانى بولغان ھېچقانداق بىر كىشى قالماي (ھەممىسى) ئۆلىدۇ. ھەتتاكى، سىلەردىن بىر كىشى تاغدىكى غارغا كىرىۋالسىمۇ، شامال ئۇ يەرگىمۇ كىرىپ، ئۇنى قەبزى روھ قىلىدۇ. بۇ چاغدا، (يامان ئىشقا) چاپىدىغان، يىرتقۇچ ھايۋانلاردەك ۋەھشىي ئىنسانلار قالىدۇ. ئۇلار نە ياخشىلىققا بۇيرۇمايدۇ، نە يامانلىقتىن توسمايدۇ. ئاندىن شەيتان ئۇلارغا كۆرۈنۈپ:

— ماڭا ئىتائەت قىلمامسىلەر؟ — دەيدۇ. ئۇلار:

— بىزنى نېمىگە بۇيرۇيسەن؟ — دېيىشى بىلەنلا شەيتان ئۇلارنى بۇتقا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. ئۇ مەزگىللەردە، ئۇلارنىڭ رىزقلىرى مول، ھاياتى راھەت – پاراغەتتە بولىدۇ. ئاندىن سۇر چېلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھامان ھەممە ئۇنىڭغا قۇلاق سالىدۇ. تۆگىسىنى كۆل بويىغا سۇغۇرۇشقا ئېلىپ بارغان كىشى سۇر ئاۋازىنى تۇنجى بولۇپ ئاڭلايدۇ ۋە دەرھال ئۆلىدۇ. ئاندىن باشقا ئىنسانلارمۇ ئۆلىدۇ»(16).

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان يەنە بىر رىۋايەتتە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا يەمەن تەرەپتىن يىپەكتىنمۇ ئىللىق بىر شامالنى ئەۋەتىدۇ، ئۇ قەلبىدە دانچىلىك (ياكى زەررىچىلىك) ئىمانى بولغان ھېچقانداق بىر كىشىنىمۇ قويماي قەبزى قىلىدۇ»(17).

بۇ شامالدىن كېيىن كىشىلەرنىڭ يامانلىرىلا قالىدۇ، شۇ چاغدا قىيامەت قايىم بولىدۇ.

 (9)
قۇياشنىڭ مەغرىپتىن چىقىشى

ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ھەرىكەت نىزامىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشى قىيامەتنىڭ چوڭ – كىچىك ھەممە كىشى كۆرىدىغان ئالامەتلىرىنىڭ بىرىدۇر.

كىشىلەر بىر كۈنى ئەتىگەندە قۇياشنىڭ ئاللاھ تائالا ياراتقاندىن تارتىپ چىقىۋاتقان ھالىتىدىكىدەك شەرقتىن چىقىشىنى كۈتىدۇ. شۇ ۋاقىتتا قۇياش تۇيۇقسىز مەغرىپتىن چىقىدۇ. قۇياش مەغرىپتىن چىققان چاغدا تەۋبە ئىشىكى ئېتىلىدۇ.

قۇياشنىڭ مەغرىپتىن چىقىشى ھەققىدە كەلگەن ئايەتلەر

ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئۇلار پەقەت (ئۆلۈم) پەرىشتىلىرىنىڭ ياكى پەرۋەردىگارىڭنىڭ، ياكى پەرۋەردىگارىڭنىڭ (قۇياشنىڭ مەغرىبتىن چىقىشىدىن ئىبارەت) بەزى ئالامەتلىرىنىڭ كېلىشىنىلا كۈتىدۇ. پەرۋەردىگارىڭنىڭ بەزى ئالامەتلىرى كەلگەن كۈندە ئىلگىرى ئىمان ئېيتمىغانلارنىڭ ياكى ئىمان ئېيتىپ ياخشى ئىش قىلمىغانلارنىڭ ئېيتقان ئىمانى پايدىسىز بولىدۇ. «(سىلەر ئۆزۈڭلارغا كېلىدىغان ئىشلارنى) كۈتۈڭلار، بىزمۇ ئەلۋەتتە كۈتىمىز» دېگىن﴾(6/«ئەنئام»: 158).

n   قۇياشنىڭ مەغرىپتىن چىقىشى ھەققىدە كەلگەن ھەدىسلەر

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئۈچ نەرسە بار بولۇپ، ئۇلار ئوتتۇرىغا چىقسىلا ئىلگىرى ئىمان ئېيتمىغانلارنىڭ ئىمانى پايدىسىز بولىدۇ. ئۇلار: دەججالنىڭ چىقىشى، زېمىندىن بىر خىل ھايۋاننىڭ چىقىشى ۋە قۇياشنىڭ مەغرىپتىن چىقىشىدۇر»(18).

تەۋبە ئىشىكىنىڭ ئېتىلىشىدىكى ھېكمەت بولسا «ئىمان» دېگەن كۆپىنچە ئەھۋاللاردا غەيبكە ئىمان كەلتۈرۈشكە ئاساسەن ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. قۇياش مەغرىپتىن چىققان ۋاقىتتا ئېيتىلغان ئىمان غەيبكە ئىمان ئېيتىش بولماستىن، بەلكى كۆز بىلەن كۆرۈپ ئاشكارا بولغان چاغدا ئېيتىلغان «ئىمان» بولۇپ قالىدۇ. بۇ خۇددى فىرئەۋننىڭ غەرق بولاي دېگەندە ئېيتقان ئىمانىغا ئوخشايدۇ.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «قۇياش مەغرىپتىن چىقمىغۇچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ. قۇياش مەغرىپتىن چىققاندا، ئىمان ئېيتمىغان كىشى قالمايدۇ. ئۇ چاغدا ئىلگىرى ئىمان ئېيتمىغانلارنىڭ ياكى ئىمان ئېيتىپ ياخشى ئىش قىلمىغانلارنىڭ ئېيتقان ئىمانى پايدىسىز بولىدۇ. ئىككى كىشى سودىلىشىش ئۈچۈن رەختلىرىنى يېيىپ، تېخى سودىلىشالماي، ھەتتا (رەختلىرىنى) قاتلاشقىمۇ ئۈلگۈرمەي تۇرۇپ قىيامەت قايىم بولىدۇ. تۆگىسىنىڭ سۈتىنى ساغقان كىشى سۈتنى ئىچىشكە ئۈلگۈرمەستىنلا قىيامەت قايىم بولىدۇ. كىشى كۆلنى رېمونت قىلىپ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا ئۈلگۈرەلمەي تۇرۇپ قىيامەت قايىم بولىدۇ. بىر كىشى لوقمىسىنى ئاغزىغا ئېلىپ، يۇتۇشقا ئۈلگۈرمەي تۇرۇپ قىيامەت قايىم بولىدۇ»(19).

ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— قۇياشنىڭ قەيەرگە كېتىدىغانلىقىنى بىلەمسىلەر؟ — دېدى. ساھابەلەر:

— ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئوبدان بىلىدۇ، — دېيىشتى. رەسۇلۇللاھ:

— قۇياش ماڭا – ماڭا ئەرشنىڭ ئاستىدىكى ئورنىغا يېتىپ بېرىپ، (ئاللاھقا) سەجدە قىلىدۇ. ئۇنىڭغا: ‹كۆتۈرۈلگىن! كەلگەن جايىڭدىن قايتقىن› دېيىلگەنگە قەدەر شۇنداق بولىدۇ. قۇياش يەنە ئەتىگەندە چىقىدىغان جايىدىن چىقىدۇ، ماڭا – ماڭا ئەرشنىڭ ئاستىدىكى ئورنىغا يېتىپ بېرىپ، (ئاللاھقا) سەجدە قىلىدۇ. ئۇنىڭغا: ‹كۆتۈرۈلگىن! كەلگىن جايىڭدىن قايتقىن› دېيىلگەنگە قەدەر شۇنداق بولىدۇ. قۇياش يەنە ئەتىگەندە چىقىدىغان جايىدىن چىقىپ، ماڭا – ماڭا (پاتىدۇ)، كىشىلەر ئۇنىڭدىن ھېچنەرسىنى ئىنكار قىلمايدۇ. قۇياش ئەرشنىڭ ئاستىدىكى ئورنىغا بارغان ۋاقىتتا، ئۇنىڭغا: ‹كۆتۈرۈلگىن! كەلگەن جايىڭدىن چىققىن› دېيىلىدۇ. تاڭ ئاتقاندا قۇياش پاتقان جايىدىن (يەنى مەغرىپتىن) چىقىدۇ. ئاشۇنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىلەر؟ ئۇ ئىلگىرى ئىمان ئېيتمىغانلارنىڭ ياكى ئىمان ئېيتىپ ياخشى ئىش قىلمىغانلارنىڭ ئېيتقان ئىمانى پايدىسىز بولىدىغان چاغدا بولىدۇ»(20).

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «قۇياشنىڭ پاتقان يېرىدىن چىقىشى ۋە چاشگاھ ۋاقتىدا زېمىندىن بىر تۈرلۈك ھايۋاننىڭ چىقىشى قىيامەتنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرىدىن بولۇپ، بۇلارنىڭ قايسىبىرى يەنە بىرىدىن بۇرۇن چىقسا، كېيىنكىسى ئۇنىڭ ئارقىسىدىنلا چىقىدۇ»(21).

بەزىلەر: «باشقا ھەدىسلەردە ‹دەججال ياكى مەھدىينىڭ چىقىشى قىيامەتنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرىدىن› دەپ بايان قىلىنغان تۇرسا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قانداقسىگە بۇ ھەدىستە ‹قۇياشنىڭ پاتقان يېرىدىن (مەغرىپتىن) چىقىشى ۋە بىر تۈرلۈك ھايۋاننىڭ مەيدانغا كېلىشىنى قىيامەتنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى بولىدۇ› دەپ خەبەر بەردى؟» دېيىشى مۇمكىن.

بۇلارنى زادى قانداق ماسلاشتۇرىمىز؟

ئىمام ئىبنى ھەجەر بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «بۇ ھەقتە كەلگەن ئومۇمىي خەبەرلەردىن شۇنى كۈچلەندۈرۈشكە بولىدۇكى، دەججالنىڭ چىقىشى زېمىن يۈزىدىكى كۆپىنچە ئەھۋاللارنىڭ ئۆزگىرىشىنى بىلدۈرىدىغان چوڭ ئالامەتلەرنىڭ دەسلەپكىسى بولۇپ، بۇلار ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپات بولۇشى بىلەن ئاياغلىشىدۇ. قۇياشنىڭ پاتقان يېرىدىن چىقىشى ئۈستۈنكى ئالەمنىڭ ئەھۋاللىرىنىڭ ئۆزگىرىشىنى بىلدۈرىدىغان چوڭ ئالامەتلەرنىڭ دەسلەپكىسى بولۇپ، بۇلار قىيامەت قايىم بولۇش بىلەن ئاياغلىشىدۇ. بىر تۈرلۈك ھايۋاننىڭ چىقىشى بەلكىم قۇياش پاتقان يېرىدىن چىقىدىغان كۈندە بولۇشى مۇمكىن. مۇسلىم ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹قۇياشنىڭ پاتقان يېرىدىن چىقىشى ۋە چاشگاھ ۋاقتىدا زېمىندىن بىر تۈرلۈك ھايۋاننىڭ چىقىشى قىيامەتنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرىدىن بولۇپ، بۇلارنىڭ قايسىبىرى يەنە بىرىدىن بۇرۇن چىقسا، كېيىنكىسى ئۇنىڭ ئارقىسىدىنلا چىقىدۇ›(22) دېگەن»(23).

ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا ئالدىراش كېرەك

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئالتە ئىش يېتىپ كېلىشىدىن بۇرۇن ياخشى ئەمەللەرگە ئالدىراڭلار. ئۇلار كۈننىڭ مەغرىپتىن چىقىشى، تۈتۈن(نىڭ يۈز بېرىشى)، دەججالنىڭ چىقىشى، زېمىندىن بىر تۈرلۈك ھايۋاننىڭ چىقىشى، ھەربىرىڭلارنىڭ ئۆلۈمى ۋە قىيامەتنىڭ بولۇشى قاتارلىقلار»(24).

(10)
كىشىلەرنى مەھشەرگاھقا ھەيدەيدىغان بىر ئوتنىڭ چىقىشى

قىيامەت ئالامەتلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى ۋە خاتىمىسى بولسا يەمەندىن بىر ئوتنىڭ چىقىپ، كىشىلەرنى مەھشەرگاھقا ھەيدەپ، مەھشەرگاھقا توپلىشى. مەھشەرگاھ زېمىنى تۈز، ئاق زېمىن بولۇپ، ئۇنىڭ كىشىلەرگە ئايان بولىدىغان ھېچقانداق ئالامىتى يوق.

·  بۇ ئوتنىڭ شەكلى قانداق؟

·  قانداق چىقىدۇ؟

·  قەيەردىن چىقىدۇ؟

· ئۇنىڭدىن كېيىن نېمە ئىشلار بولىدۇ؟

بۇ ئوت ھەققىدە كەلگەن ھەدىسلەر

ھۇزەيفە ئىبنى ئەسىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: «بىز قىيامەت ھەققىدە سۆزلىشىۋاتاتتۇق، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قېشىمىزغا چىقىپ:

— نېمە توغرىسىدا سۆزلىشىۋاتىسىلەر؟ — دەپ سورىدى. بىز:

— قىيامەت ھەققىدە سۆزلىشىۋاتاتتۇق، — دېگەن ئىدۇق، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— سىلەر قىيامەتتىن بۇرۇن ئون خىل ئالامەتنى كۆرمەي تۇرۇپ قىيامەت قايىم بولمايدۇ. ئۇلار تۈتۈن، دەججال، غەلىتە مەخلۇق، قۇياشنىڭ مەغرىپتىن چىقىشى، مەريەم ئوغلى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ چۈشۈشى، يەجۈج – مەجۈجلەرنىڭ چىقىشى، مەشرىقتە بىر قېتىم، مەغرىبتە بىر قېتىم ۋە ئەرەب يېرىم ئارىلىدا بىر قېتىم يەر يۇتۇش ھادىسەسىنىڭ يۈز بېرىشى، ئەڭ ئاخىرىدا يەمەندىكى (ئەدەن) تەرەپتىن بىر ئوت چىقىپ، ئىنسانلارنى مەھشەرگاھقا ھەيدىشى، — دېدى»(25).

يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئەدەن زېمىنىنىڭ ئاستىدىن بىر ئوت چىقىپ ئىنسانلارنى ھەيدىشى» دەپ كەلگەن(26).

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— قىيامەتتىن ئىلگىرى ھەزرەمەۋت دېڭىزىدىن ياكى ھەزرەمەۋتتىن بىر ئوت چىقىپ، بارلىق ئىنسانلارنى بىر يەرگە يىغىدۇ، — دېدى. ساھابەلەر:

— ئۇ چاغدا، بىز نېمە ئىش قىلىشىمىز كېرەك؟ — دەپ سورىغانىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— شامغا كېتىڭلار! — دېدى»(27).

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مەدىنەگە يېتىپ كەلگەنلىكىدىن خەبەر تاپقان ئابدۇللاھ ئىبنى سالام پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ:

— مەن سىلىدىن پەيغەمبەردىن باشقا كىشى بىلمەيدىغان ئۈچ مەسىلە توغرىسىدا سورىماقچى. قىيامەتنىڭ دەسلەپكى ئالامىتى قايسى؟ جەننەت ئەھلى دەسلەپتە يەيدىغان تائام قايسى؟ نېمە سەۋەبتىن بالا ئاتىسىغا ئوخشايدۇ ۋە بەزىدە ئانا تەرەپ تاغىلىرىغا ئوخشاپ قالىدۇ؟ — دەپ سورىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— تېخى بايىلا جىبرىل بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىنى ئېيتىپ بەرگەنىدى، — دېدى. ئابدۇللاھ ئىبنى سالام:

— ئۇ (يەنى جىبرىل) يەھۇدىيلەر دۈشمەن كۆرىدىغان پەرىشتىدۇر، — دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— قىيامەتنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئالامىتى بولسا بىر ئوتنىڭ پەيدا بولۇپ پۈتۈن ئىنسانلارنى شەرقتىن غەربكە ھەيدىشىدۇر؛ جەننەت ئەھلى دەسلەپ يەيدىغان تائام بېلىق جىگىرىدۇر؛ بالىنىڭ كىمگە ئوخشىشىغا كەلسەك، ئەر كىشى ئايال كىشى بىلەن بىللە بولغاندا، ئەرنىڭ مەنىيسى ئايالنىڭكىدىن غالىب كەلسە، ئەرگە، ئايالنىڭ غالىب كەلسە، ئايالغا ئوخشايدۇ، — دېدى. ئابدۇللاھ ئىبنى سالام بۇنى ئاڭلاپ:

— گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، سىلى ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇرلا، — دېدى»(28).

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «قۇياشنىڭ پاتقان يېرىدىن چىقىشى ۋە چاشگاھ ۋاقتىدا زېمىندىن بىر تۈرلۈك ھايۋاننىڭ چىقىشى قىيامەتنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرىدىن بولۇپ، بۇلارنىڭ قايسىبىرى يەنە بىرىدىن بۇرۇن چىقسا، كېيىنكىسى ئۇنىڭ ئارقىسىدىنلا چىقىدۇ»(29).

بۇ ھەدىس بىلەن قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى ھەققىدە كەلگەن باشقا ھەدىسلەرنى قانداق ماسلاشتۇرىمىز؟

بۇ ھەدىستە قىيامەتنىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقىنىڭ ئالامەتلىرى ئەمەس، بەلكى قىيامەت قايىم بولۇشنىڭ ئالامەتلىرى مەقسەت قىلىنغان. بۇ قارىشىمىزنى «سەھىھۇلبۇخارىي»دا كەلگەن يەنە بىر ھەدىس كۈچلەندۈرىدۇ.

ئىزاھات: كىشىلەرنى ھەيدەيدىغان بۇ ئوت ھىجاز زېمىنىدىن چىقىپ، بۇسرادىكى تۆگىلەرنىڭ بوينىنى يورۇتىدىغان ئوت ئەمەس. ھىجاز زېمىنىدىن چىقىدىغان ئوت ھىجىرىيە يەتتىنچى ئەسىردە يۈز بېرىپ بولغان بولۇپ، ئۇ قىيامەتنىڭ كىچىك ئالامەتلىرىنىڭ بىرىدۇر(30).

n بۇ ئوتنىڭ كىشىلەرنى قانداق توپلايدىغانلىقى

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئىنسانلار قىيامەت كۈنى ئۈچ پىرقە قىلىنىپ توپلىنىدۇ: ئارزۇ قىلغۇچىلار ۋە قورققۇچلار ھالىتىدە؛ يەنە ئىككى ئادەم بىر تۆگىنى، ئۈچ ئادەم بىر تۆگىنى، تۆت ئادەم بىر تۆگىنى ۋە ئون ئادەم بىر تۆگىنى نۆۋەتلىشىپ مىنگۈنىچە توپلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ قالغانلىرىنى ئوت توپلايدۇ، ئوت ئۇلار چۈشلۈك ئارام ئالغان جايدا ئۇلار بىلەن بىللە ئارام ئېلىپ، كېچىسى قونغان جايدا ئۇلار بىلەن بىللە قونۇپ، تاڭ ئاتقۇزغان جايدا ئۇلار بىلەن بىللە تاڭ ئاتقۇزۇپ، كەچ قىلغان جايدا ئۇلار بىلەن بىللە كەچ قىلىپ ئۇلارنى ھەيدەپ ماڭىدۇ»(31).

بۇنىڭ مەنىسى: بۇ ئوتتىن مەقسەت كىشىلەرنى كۆيدۈرۈش ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى شامدىكى مەھشەرگاھقا ھەيدەشتۇر. شۇڭا، كىشىلەر مېڭىپ، چارچاپ چۈشلۈك ئۇيقۇ ئۈچۈن توختىغاندا، ئوتمۇ توختايدۇ. چۈشلۈك ئۇيقۇدىن ئويغانغاندا، ئوت ئۇلارنى ھەيدەيدۇ. شۇنىڭدەك ئۇلار كېچىدە ياتسا، ئوت يەنە توختايدۇ. تاڭ ئېتىپ ماڭغاندا، ئوت ئۇلارنى يەنە ھەيدەيدۇ. ئاخىرى ئوت ئۇلارنى شامغا ئېلىپ بارىدۇ.

ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— قىيامەت كۈنى ئىنسانلار ئۈچ توپ بولۇپ ھەشر قىلىنىدۇ. بىر توپى قورساقلىرى تويغان، كىيىم كىيگەن، ئۇلاغ مىنگەن ھالىتىدە بولىدۇ. يەنە بىر توپى پىيادە يۈگۈرۈپ ماڭىدۇ. يەنە بىر توپى بولسا پەرىشتىلەر ئۇلارنى يۈزىچە سۆرەپ ماڭىدۇ، — دېدى. ساھابىلەردىن بىرەيلەن:

— بىز ئىككى توپنىغۇ بىلدۇق، ئەمما پىيادە يۈگۈرۈپ ماڭىدىغانلار نېمىشقا ئۇنداق بولىدۇ؟ — دەپ سورىغانىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— ئاللاھ مىنىدىغان نەرسىلەرگە ئاپەت چۈشۈرىدۇ، ھەتتا بىرمۇ مىنىدىغان نەرسە قالمايدۇ. بىر ئادەمنىڭ ئاجايىب ھەيران قالارلىق بىر باغچىسى بولسا، شۇ باغچىسىنى قېرى، ئاجىز، ئېگىرى كىچىك بولغان بىر تۆگىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن بېرىپمۇ، شۇ تۆگىنى سېتىۋالالمايدۇ، — دېدى»(32).

خاتىمە

ئالدى بىلەن ئۇشبۇ كىتابنى تاماملاشقا مۇۋەپپەق قىلغان ئاللاھقا ھەمدۇسانالار ئېيتىمەن! ئاللاھتىن بۇ كىتابنى مەنپەئەتلىك قىلىپ بېرىشىنى، نىيەتلىرىمىزنى ئۆز رازىلىقى ئۈچۈن خالىس قىلىپ بېرىشىنى سورايمەن.

كەمىنە كىتابخانلارنىڭ ئەھمىيەتلىك ۋە قىممەتلىك بىر نەپكە ئېرىشىشىنى كۆزلەپ قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىنى ئۆزگىچە ۋە جەلپ قىلارلىق ئۇسۇلدا بايان قىلىشقا خېلى كۈچىدىم. مەن مەزكۇر ئەمگىكىم ئارقىلىق ئارزۇيۇمغا يەتكەن، كۆزلىگەنلىرىمنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولۇشۇمنى ئۈمىد قىلىمەن.

مۇبادا كىتابنى ئوقۇغان ھەربىر ئوقۇرمەن قەلەم تۇلپىرىنى ئىشقا سېلىپ ئۆزىنىڭ قىممەتلىك پىكىر – مۇلاھىزىلىرىنى، ھېچ بولمىغاندا ئەسەرگە قارىتا بەرگەن باھالىرىنى بولسىمۇ ئېلخەت ۋەياكى تېلېفون ئۇچۇرى ئارقىلىق كەمىنىگە يوللىسا، مەنمۇ غايىبانە دۇئالىرىم ئارقىلىق مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرسەم، نەقەدەر ئېسىل ئىش بولغان بولار ئىدى، – ھە!

ئاللاھ ھەربىرىمىزگە مۇۋەپپەقىيەت ئاتا قىلسۇن! ئامىن!!!

 

ھۆرمەت بىلەن:

پادىشاھ سەئۇد ئۇنىۋېرسىتېتى ئەقىدە ۋە ھازىرقى زامان دىن – ئېقىملار پەنلىرى پروفېسسورى

ئىسلام تەشۋىقات مىنىستىرلىكى ئالىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى

دوكتور مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇرراھمان ئەلئەرىيفىي

arefe5@yahoo.com


1. مۇسلىم (2901).
2. ئىبنى ھىببان (6757). ئىبنى ھىببان: «سەھىھ» دېگەن.
3. «ئەلمۇستەدرەك» (8572). ھاكىم: «مۇسلىمنىڭ شەرتىگە ئاساسەن سەھىھ» دېگەن.
4. «ئەلمۇستەدرەك» (8376)؛ ئىبنى ماجە (4062). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
5. بۇخارىي (3485).
6. ئەبۇ داۋۇد (4307). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
7. تىرمىزىي (2152). ئىمام تىرمىزىي: «ھەسەن سەھىھ غەرىب» دېگەن. ئىبنى ماجە (4061). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
8. «تەفسىرۇ تەبەرىي»، 11/228.
9. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1007)؛ مۇسلىم (2798).
10. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (4825)؛ مۇسلىم (2798).
11. قۇرتۇبىي: «ئەتتەزكىرە»، 655 – بەت.
12. مۇسلىم (2901).
13. مۇسلىم (2947).
14. «ئەلمۇستەدرەك» (8419). ھاكىم، زەھەبىيلەر: «سەنەدى سەھىھ» دېگەن.
15. ئەھمەد (22362). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەنەدى سەھىھ» دېگەن. ھەيسەمىي: «راۋىيلىرى ئىشەنچلىك» دېگەن.
16. مۇسلىم (2940).
17. مۇسلىم (117).
18. مۇسلىم (158).
19. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (7121)؛ مۇسلىم (157).
20. مۇسلىم (159).
21. مۇسلىم (2941).
22. مۇسلىم (2941).
23. «فەتھۇلبارىي»، 11/353.
24. مۇسلىم (2947).
25. مۇسلىم (2901).
26. مۇسلىم (2901).
27. ئەھمەد (5146). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەھىھ» دېگەن.
28. بۇخارىي (3938).
29. مۇسلىم (2941).
30. بۇ 13 – ئالامەتتە بايان قىلىندى.
31. بۇخارىي (6522).
32. ئەھمەد (21494). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەھىھ» دېگەن. نەسائىي (2224).

Please follow and like us: