(15)
كىشىلەرنى قامچىلايدىغان زالىملارنىڭ مەيدانغا كېلىشى
ھۆرمەتلىك پەيغەمبىرىمىز خەبەر قىلغان قىيامەت ئالامەتلىرىدىن بىرى بولسا كالا قۇيرۇقىغا ئوخشايدىغان، ھەر تۈرلۈك تېرە، تۈك، رېزىنكە، دەرەخ شاخلىرى ۋە باشقا نەرسىلەردىن بولغان قامچىلار بىلەن كىشىلەرنى ئۇرىدىغان زالىم ھاكىملارنىڭ قولچوماقلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشىدۇر.
ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاخىر زاماندا ئاللاھنىڭ نارازىلىقىدا تاڭ ئاتقۇزۇپ، غەزىپىدە كەچ قىلىدىغان، قوللىرىدا كالىنىڭ قۇيرۇقىدەك قامچىلارنى تۇتۇۋالىدىغان كىشىلەر مەيدانغا كېلىدۇ» دېگەن(1).
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئۈممىتىمدىن (دوزاخ ئەھلى بولغان) ئىككى تۈرلۈك ئادەملەر بار بولۇپ، ئۇلار تېخى دۇنياغا كەلمىدى… (بىرى) قوللىرىدا كالىنىڭ قۇيرۇقىدەك قامچىلارنى تۇتۇۋېلىپ كىشىلەرنى ئۇرىدىغان ئادەملەر…» دېگەن(2).
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئەگەر ئۇزۇن ياشىيالىساڭ، پات ئارىدا ئاللاھنىڭ نارازىلىقىدا تاڭ ئاتقۇزۇپ، لەنىتىدە كەچ قىلىدىغان، قوللىرىدا كالا قۇيرۇقىغا ئوخشايدىغان بىرنەرسىلەرنى تۇتۇۋالغان كىشىلەرنى كۆرىسەن» دېگەن(3).
بۇ ھەدىس ئۇلارنىڭ كىشىلەرنى ئۇرىدىغانلىقىنى ئوچۇق بايان قىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ نارازىلىق ۋە لەنەتكە قالىدىغانلىقى ئۇلارنىڭ كىشىلەرگە قىلغان تاجاۋۇزى ۋە زۇلۇمىنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.
(16)
ئۇرۇشلارنىڭ كۆپىيىشى
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بايان قىلغان قىيامەت ئالامەتلىرىدىن بىرى ئۇرۇشلارنىڭ كۆپىيىشى بولۇپ، ھەتتا بىر كىشى يەنە بىر كىشىنى نېمە ئۈچۈن ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلمەيدۇ، ئۆلتۈرۈلگۈچىمۇ نېمە ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلمەيدۇ.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— جېنىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، ئۆلتۈرگۈچى نېمە ئۈچۈن ئۆلتۈرگەنلىكىنى، ئۆلتۈرۈلگۈچىمۇ نېمە ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلمەيدىغان كۈن كەلمىگۈچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ، — دېدى.
— ئى رەسۇلۇللاھ! بۇ قانداق بولىدۇ؟ — دەپ سورىلىۋىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— فىتنە سەۋەبىدىن بولىدۇ، ئۆلتۈرگۈچى ۋە ئۆلگۈچى دوزاخقا چۈشىدۇ، — دەپ جاۋاب بەردى»(4).
ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى بىلەن فىتنە باشلاندى، سەۋەبسىز ئۇرۇشلار كۆپىيىشكە باشلىدى. بۈگۈنكى كۈندە دەھشەتلىك ئۇرۇشلارغا خىزمەت قىلىدىغان ۋەيران قىلغۇچى قوراللارنىڭ پەيدا بولۇشىغا ئەگىشىپ مىڭلارچە ئىنسانلار بۇ ئۇرۇشنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلاندى.
مانا بۇ بىر قىسىم ئۇرۇشلاردا ۋاپات بولغانلار ستاتىستىكىسى:
1. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا: 15 مىليون؛
2. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا: 55 مىليون؛
3. ۋېيتنام ئۇرۇشىدا: ئۈچ مىليون؛
4. روسىيە ئىچكى ئۇرۇشىدا: ئون مىليون؛
5. ئىسپانىيە ئىچكى ئۇرۇشىدا: 12 مىليون؛
6. ئىراق – ئىران ئۇرۇشى (بىرىنچى قېتىملىق پارس قولتۇقى ئۇرۇشى) دا: بىر مىليون؛
7. ئىراق ئۇرۇشىدا: بىر مىليوندىن كۆپرەك.
بۇ ئۇرۇشلارنىڭ بىر قىسىملىرىغا «ئۆلتۈرگۈچى نېمە ئۈچۈن ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلمەيدۇ» دېگەن ھەدىسنى ئۇيغۇنلاشتۇرغىلى بولمىسىمۇ، لېكىن ئادەم ئۆلتۈرۈشنىڭ تارقىلىشى ۋە كۆپىيىشىنى بايان قىلىش ئۈچۈن كەلتۈرۈپ قويدۇم.
(17)
ئامانەتنىڭ زايە بولۇپ، قەلبلەردىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىشى
كىشىلەرنى مۇناسىپ ئورۇنغا قويۇش ئۈممەتنىڭ دەۋر سۈرۈشى، يۇرت ۋە خەلقنىڭ گۈللىنىشى ۋە مەدەنىيەت ئويغىنىشىنىڭ ئاساسىدۇر. ئامانەت زايە بولغاندا تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلىدۇ، كىشىلەرنىڭ راھىتى يوقايدۇ، قابىلىيەتسىزلەر باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ – دە، قالايمىقانچىلىق باشلىنىدۇ. مانا بۇلارنىڭ يۈز بېرىشىنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خەبەر قىلغان.
ئامانەتنىڭ زايە بولۇشىنىڭ سەۋەبى بولسا كىشىلەرنىڭ نىيىتىنىڭ بۇزۇلىشىدۇر.
ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە: ‹ئامانەت بولسا كىشىلەرنىڭ قەلب يىلتىزىغا (ئاللاھ تەرىپىدىن قۇرئان چۈشمەي تۇرۇپلا) ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئاندىن قۇرئان نازىل بولغان بولۇپ، كىشىلەر قۇرئان ۋە سۈننەتتىن ئامانەتنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلىۋالدى› دەپ سۆزلەپ بەردى. ئاندىن بىزگە ئامانەتنىڭ كۆتۈرۈلۈپ كېتىشى توغرىسىدا سۆزلەپ: ‹كىشى ئۇخلاپ قالغاندا، ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئامانەت كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ. پەقەت ئۇنىڭ سەل – پەل ئىزى قالىدۇ. ئاندىن ئۇ يەنە ئۇخلايدۇ – دە، ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئامانەت كۆتۈرۈلۈپ، خۇددى پۇتىنىڭ ئۈستىدىكى دۈگىلەپ چۈشكەن چوغ پەيدا قىلغان قاپارتمىنىڭ ئىزىغا ئوخشاش ئىزى قالىدۇ. قاراپ باقساڭ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئىچىدە ھېچنېمە يوق بولۇپ چىقىدۇ› دېدى. ئاندىن كېيىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر تال كىچىك تاشنى ئېلىپ، پۇتىنىڭ ئۈستىدە يۇمىلىتىپ كۆرسىتىپ قويدى. ‹ئامانەت كۆتۈرۈلۈپ كەتكەندىن كېيىن كىشىلەر سودا – سېتىق قىلىشسا ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرەر ئىشەنچلىك ئادەمنى تاپقىلى بولمايدۇ. ھەتتاكى شۇ ھالەتتە كىشىلەرگە ”پالانى ئەۋلادتا بىر ئىشەنچلىك ئادەم بار ئىكەن“ دېيىلسە، كىشىلەر ئۇنىڭغا قارىتا: ”نېمىدېگەن باتۇر! نېمىدېگەن قالتىس! نېمىدېگەن ئەقىللىق!“ دەپ ئاپىرىن ئوقۇپ كېتىشىدۇ. ھەقىقەتتە ئاشۇ ماختىلىۋاتقان كىشىنىڭ قەلبىدە قىچا چاغلىق ئىمان يوق› دېگەنىدى.
مېنىڭ بېشىمدىن شۇنداق كۈنلەر ئۆتكەن ئىدىكى، ئۇ چاغدا قايسىبىرىڭلار بىلەن سودا – سېتىق قىلسام پەرۋا قىلمايتتىم. مەن مۇئامىلە قىلىشقان كىشى مۇسۇلمان بولسا، ئۇنىڭ دىيانىتى ماڭا ئۇنىڭ خىيانەت قىلىشىدىن توساتتى. ئەگەر خرىستىيان ياكى يەھۇدىي بولىدىغان بولسا، ئۇنىڭ باشلىقى ئۇنى ماڭا خىيانەت قىلىشتىن توساتتى. بۈگۈنكى كۈنگە كېلىدىغان بولساق، مەن سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىكى پەقەت پالانى ۋە پالانىلار بىلەنلا ئېلىش – بېرىش قىلالايمەن»(5).
كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ نىيىتى بۇزۇلۇپ، نائەھلىلەر ئىشقا قويۇلىدىغان بولۇپ كېتىپ ئامانەت زايە بولسا قىيامەت يېقىنلىشىدۇ.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر ئولتۇرۇشتا خەلققە سۆز قىلىۋاتاتتى. بىر ئەئرابىي كېلىپ:
— قىيامەت قاچان بولىدۇ؟ — دەپ سورىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا جاۋاب بەرمەي سۆزلەۋەردى. بەزىلەر ‹پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەئرابىينىڭ سوئالىنى ئاڭلىدىيۇ، ئۇنى ياقتۇرمىدى› دېسە، بەزىلەر ‹ئۇنى ئاڭلىمىدى› دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن:
— قىيامەت توغرۇلۇق سورىغۇچى قېنى؟ — دېدى. ئەئرابىي:
— مانا مەن، ئى رەسۇلۇللاھ! — دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— ئىش شۇ ئىشنىڭ ئەھلى بولمىغان ئادەملەرگە تاپشۇرۇلىدىغان چاغلاردا قىيامەتنى كۈتسەڭ بولىدۇ، — دېدى»(6).
بۇ ئالامەت بۈگۈنكى رېئاللىقىمىزغا تامامەن ئۇيغۇن بولۇپ، ئاۋامنىڭ مەنپەئەتىگە ئالاقىدار بولغان مەنسەپلەردە، ئۇنىۋېرسىتېت، مىنىستىرلىقلاردا كۆپلىگەن ئورۇنلارغا لاياقەتلىك، ئىشەنچلىك، ئاۋامنىڭ مەنپەئەتىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان قابىلىيەتلىك كىشىلەر باشلىق قىلىپ تەيىنلەنمەي، بەلكى چوڭ باشلىقلارنىڭ تونۇشلىرى، ياكى ئۆزئارا پايدا – مەنپەئەت يەتكۈزەلەيدىغانلار ۋەياكى شۇنىڭغا ئوخشايدىغان كىشىلەر تەيىنلەنمەكتە.
شۇنداق… «ئىش شۇ ئىشنىڭ ئەھلى بولمىغان ئادەملەرگە تاپشۇرۇلىدىغان بولۇپ كەتكەن چاغدا قىيامەتنى كۈتسەڭ بولىدۇ».
(18)
ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرنىڭ يولىغا ئەگىشىش
مۇسۇلمانلار مۇپتىلا بولغان ئەڭ چوڭ فىتنەلەرنىڭ بىرى بولسا يەھۇدىي، خىرىستىيان ۋە باشقا كافىرلارغا ئۇلارنىڭ ئادەتلىرى ۋە ئەخلاقلىرىدا ئوخشاش بولۇۋېلىش ۋە قارىغۇلارچە تەقلىد قىلىش فىتنەسىدۇر.
پەيغەمبىرىمىز ئۈممىتىدىن بىر بۆلۈك كىشىلەرنىڭ ھاياتى، تەبىئىتى ۋە ئادەتلىرىدە يەھۇدىي ۋە خرىستىيانلاردىن ئىبارەت ئازغۇنلارنى تەقلىد قىلىدىغانلىقىنى خەبەر قىلغان.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— ئۈممىتىم ئۆزىدىن ئىلگىرىكى دەۋرلەردىكىلەرگە بىر غېرىچ – بىر غېرىچ، بىر غۇلاچ – بىر غۇلاچ ئەگەشمىگۈچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ، — دېدى. شۇنىڭ بىلەن:
— ئى رەسۇلۇللاھ! ئۇلار پارسلار ۋە رۇملۇقلارمۇ؟ — دېيىلىۋىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— ئۇلاردىن باشقا كىم بولسۇن، — دەپ جاۋاب بەردى»(7).
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاگاھلاندۇرغان ئىشلارنىڭ كۆپىنچىسى يۈز بېرىپ بولدى. قالغانلىرى ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە بايان قىلىنغاندەك پات يېقىندا يۈز بېرىدۇ.
ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— سىلەر چوقۇم ئىلگىرىكىلەرنىڭ يوللىرىغا بىر غېرىچ – بىر غېرىچ، بىر غۇلاچ – بىر غۇلاچ ئەگىشىسىلەر، ھەتتا ئۇلار كېلەرنىڭ تۆشىكىگە كىرسىمۇ، ئۇلارغا چوقۇم ئەگىشىسىلەر، — دېدى. بىز:
— ئى رەسۇلۇللاھ! ئۇلار (يەنى بىزدىن ئىلگىرىكىلەر) يەھۇدىي ۋە خرىستىيانلارمۇ؟ — دەپ سورىساق، رەسۇلۇللاھ:
— (ئۇلاردىن باشقا) كىم بولاتتى؟! — دېگەن ئىدى»(8).
قازى ئىياز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ھەدىستە تىلغا ئېلىنغان غېرىچ، غۇلاچ ۋە تۆشۈككە كىرىشلەر ئۇلارغا تەقلىد قىلىش ۋە ئەگىشىشكە مىسال قىلىنغان»(9).
يەھۇدىي ۋە خرىستىيانلارغا (دىنىمىزدا) يامان كۆرۈلىدىغان ھالدا تەقلىد قىلىش دېگەنلىكتىن ئۇلار بىلەن ئۆزئارا ئىلمىي تەجرىبىلەرنى ئالماشتۇرۇش، دىنىمىزغا مۇخالىپ كەلمەيدىغان كەشپىياتلىرى ۋە باشقۇرۇش تۈزۈملىرىدىن پايدىلىنىش قاتارلىق ئىشلار مەقسەت قىلىنمايدۇ.
يامان كۆرۈلىدىغان تەقلىدچىلىك بولسا ئۇلارنىڭ دىنىمىزغا مۇخالىپ بولغان كىيىم – كىچەك، ئۆرپ – ئادەت، چەكلىمىسىز ئارىلىشىش ۋە قىز – ئاياللارنىڭ ھىجاپلانماسلىقىغا ئوخشاش ئىجتىمائىي مۇئامىلىلىرى، جازانە ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ئىقتىسادىي تۈزۈلمىلىرىنى تەقلىد قىلىشىمىزدۇر.
(19)
دېدەكنىڭ خوجايىنىنى تۇغۇشى
قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىن يەنە بىرى دېدەك ئايالنىڭ ئۆزىگە خوجايىنلىق قىلىدىغان بالىنى تۇغۇشىدۇر. بۇنىڭ سەۋەبى بولسا ھۆر كىشى ئۆزىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى دېدەك ئايال بىلەن مۇناسىۋەت قىلىدۇ. ئاندىن دېدەك ھامىلىدار بولۇپ بالا تۇغىدۇ؛ بۇ بالا دادىسى تىرىك ۋاقتىدىلا ھۆر بولۇپ بولىدۇ. ئۇنىڭ ئانىسى يەنىلا دادىسىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى دېدەك ھالىتىدە تۇرۇۋېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بالا ئانىسىغا نىسبەتەن خوجايىن ئورنىدا بولغان بولىدۇ.
ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: «جىبرىل پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن قىيامەت ھەققىدە سورىغاندا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا: ‹ساڭا قىيامەتنىڭ ئالدىن بولىدىغان ئالامەتلىرىنى ئېيتىپ بېرەي: دېدەكنىڭ خوجايىنىنى تۇغۇشى (بۇ ئالامەتلەرنىڭ بىرىدۇر)› دېگەن»(10).
بەزىلەر: «بۇنىڭ مەنىسى بولسا دېدەكلەرنىڭ پادىشاھلارنى تۇغۇشى، شۇنىڭ بىلەن ئانىلارنىڭ پادىشاھلارنىڭ پۇقرالىرىدىن بولۇپ، پادىشاھلارنىڭ بولسا پۇقرالارنىڭ خوجايىنى بولۇشىدۇر» دېگەن.
(20)
كىيىم كىيگەن يالىڭاچ ئاياللارنىڭ پەيدا بولۇشى
قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىن يەنە بىرسى، ياسىنىش ۋە ئوچۇق كىيىملەرنى كىيىشنىڭ ئەۋج ئېلىشى بولۇپ، بەزى ئاياللار تارلىقىدىن بەدىنىنى ئېنىق گەۋدىلەندۈرۈپ قويىدىغان ياكى نېپىزلىكىدىن ماڭغان ۋە ئولتۇرغان چاغلاردا ئەۋرەتلىرى كۆرۈنۈپ قالىدىغان كىيىملەر بىلەن سىرتلارغا چىقىدۇ. بۇنداقلار كۆرۈنۈشتە كىيىم كىيگەن بولسىمۇ، ئەمما كىيىملىرىنىڭ تارلىقى، ئەۋرەت جايلىرى ۋە زىننەتلىرىنىڭ كۆرۈنۈپ قالغانلىقى سەۋەبلىك يالىڭاچ ھېسابلىنىدۇ.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مەن (تېخى دۇنيادا) كۆرۈپ باقمىغان ئىككى تۈرلۈك دوزاخ ئەھلى بار: بىرى، قوللىرىدا كالا قۇيرۇقىغا ئوخشاش قامچىلارنى كۆتۈرۈۋېلىپ كىشىلەرنى ئۇرىدىغان ئادەملەر؛ يەنە بىرى، كىيىنگەن ئەمما يالىڭاچ، (كىشىلەرنى) يولدىن چىقارغۇچى ۋە يولدىن چىققۇچى، چاچلىرى تۆگىنىڭ لوككىسىدەك تۇرىدىغان ئاياللار بولۇپ، ئۇلار جەننەتكە كىرەلمەيدۇ، جەننەتنىڭ پۇرىقىنىمۇ پۇرىيالمايدۇ. ھالبۇكى، جەننەتنىڭ پۇرىقى يىراق جايلاردىنمۇ پۇراپ تۇرىدۇ»(11).
(21)
قوي باقىدىغان يالاڭ ئاياغ كەمبەغەللەرنىڭ بىنا سېلىشتا بەسلىشىدىغان بولۇپ كېتىشى
قىيامەتنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خەبەر بەرگەن ۋە ھازىر كۆرۈلگەن بىر ئالامىتى بولسا بۇرۇنقى قوي باقىدىغان يالاڭ ئاياغ كەمبەغەل كىشىلەرنىڭ بىنا سېلىش ۋە ئۆيلەرنى بېزەشتە بەسلىشىدىغان بولۇپ كېتىشىدۇر. بۇ ئىشلار مۇسۇلمانلار نۇرغۇن غەلىبىلەرگە ئېرىشىپ، پۇل – ماللىرى كۆپىيىپ، دۇنيا ئىشلىرىدا بەسلىشىدىغان بولۇپ كېتىشى ئەۋج ئالغاندىن كېيىن پەيدا بولۇشقا باشلىدى.
ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان، جىبرىل ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئىسلام، ئىمان، ئېھسان ۋە ئاخىرەت توغرىسىدا سورىغان ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاخىرەتنىڭ ئالدىن بولىدىغان ئالامەتلىرىدىن خەبەر بېرىپ: «دېدەكنىڭ ئۆز خوجايىنىنى تۇغۇشى، قوي باقىدىغان يالاڭ ئاياغ نامرات كىشىلەرنىڭ بىنا سېلىشتا بەسلىشىدىغان بولۇپ كېتىشىنى كۆرۈشۈڭدۇر»(12) دېگەنلەرنى تىلغا ئالغان.
يەنە بىر رىۋايەتتە مۇنداق كەلگەن: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— يالاڭ ئاياغ، ئاچ قورساق، كەمبەغەل كىشىلەرنىڭ باشقىلارغا باش بولغانلىقىنى كۆرسەڭ، بۇ قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى ۋە بەلگىلىرىدىندۇر، — دېگەندە:
— ئى رەسۇلۇللاھ! قوي ئىگىلىرى ۋە يالاڭ ئاياغ، ئاچ قورساق، نامرات كىشىلەر كىم؟ — دەپ سورالغان ئىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— ئەرەبلەر، — دەپ جاۋاب بەردى»(13).
ئۆي ۋە بىنا سېلىش ۋە ئۇلارنى ئېگىز قىلىش ئەگەر كۆز – كۆز قىلىش، ھاكاۋۇرلۇق ۋە كىبىر ئۈچۈن بولماستىن پايدىلىق ئىش ئۈچۈن بولسا ئۇنىڭ ھارام ئەمەسلىكىدە شەك يوق.
بىنا سېلىشتا كۆز – كۆز قىلىش دېگەن ئۆيلەرنىڭ قەۋەتلىرىنى كۆپەيتىپ ئۇنى ئېگىزلىتىشتە، بىنا بېزەپ، ياساپ، زورايتىپ، ئۆيلەرنى كەڭرىتىپ، ئورۇندۇق – كىرىسلولارنى كۆپەيتىشتە بولىدۇ. ماللار كۆپىيىپ، دۇنيا ئادەملەرگە ئالدىنى قىلىۋاتقان مۇشۇ زامانىمىزدا، بۇلارنىڭ ھەممىسى يۈز بېرىۋاتىدۇ(14).
بۇنىڭدىن سەھرا – دالىلاردا ياشايدىغان چارۋىچىلار ئۆز ئىشلىرىنى تاشلاپ، بىنا سېلىشقا يۈزلىنىدىغانلىقى، ئۆي ۋە بىنا – سارايلارنى سېلىشتا بىر – بىرى بىلەن كىبىر – تەمەننا، ماختىنىش يۈزىسىدىن بەسلىشىشكە باشلايدىغانلىقى، ھەممىسى ئۆزىنىڭ سالغان بىناسىنىڭ باشقىلارنىڭكىدىن ئېگىز بولۇشىنى ئارزۇ قىلىشىدىغانلىقى مەقسەت قىلىنىدۇ.
قۇرۇلۇشلار بىلەن پەخىرلىنىش بۈگۈنكى كۈندە ئەرەبلەردىلا ئەمەس، بەلكى باشقىلار ئارىسىدىمۇ ئومۇملىشىپ كەتتى، شۇڭا نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر ئېگىز بىنا – سارايلارنى سېلىشتا بەسلىشىدىغان ۋە شۇ ئارقىلىق پەخىرلىنىپ، ماختىنىدىغان بولۇپ كەتتى.
(22)
مەلۇم كىشىلەرگىلا سالام قىلىنىدىغان بولۇپ قېلىشى
ئاللاھ تائالا سالامنى ئىنسانلار ئارىسىدىكى مۇھەببەت ۋە رىشتىگە بەلگە بولسۇن دەپ يولغا قويدى. شۇڭا، كىچىكلەر چوڭلارغا، بايلار كەمبەغەللەرگە سالام بېرىدۇ، ئەرەب بولسۇن، ئەجەم بولسۇن، ئاق تەنلىك بولسۇن يا قارا تەنلىك بولسۇن… تونۇسۇن ياكى تونۇمىسۇن ھەممىسىگە سالام بېرىدۇ.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «سىلەر ئىمان ئېيتمىغۇچە جەننەتكە كىرمەيسىلەر، بىر ـ بىرىڭلارنى ياخشى كۆرمىگۈچە ئىمان ئېيتقان بولمايسىلەر. سىلەرگە بىر ـ بىرىڭلارنى ياخشى كۆرۈشكە تۈرتكە بولىدىغان نەرسىنى دەپ بېرەيمۇ؟ ئاراڭلاردا سالام – سەھەتنى ئومۇملاشتۇرۇڭلار!»(15)
قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىن يەنە بىرى بولسا مەلۇم كىشىلەرگىلا سالام قىلىنىدىغان بولۇپ قېلىشىدۇر. مەلۇم كىشىلەرگىلا سالام قىلىنىدىغان بولۇپ قېلىش — تونۇشلارغىلا سالام قىلىنىپ، تونۇمايدىغانلارغا سالام قىلىنمايدىغان بولۇپ قېلىشنى كۆرسىتىدۇ. ھالبۇكى، تونۇيدىغان ۋە تونۇمايدىغان ھەممە ئادەمگە سالامنىڭ ئومۇميۈزلۈك قىلىنىشى سۈننەتتۇر.
ئەبۇلجەئد رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد بىر ئادەم بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى، ئۇ ئادەم:
— سالام ساڭا، ئى ئىبنى مەسئۇد! — دېدى. ئابدۇللاھ:
— ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى راستچىلدۇر. مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: ‹كىشىنىڭ مەسجىدتىن ئۇنىڭدا ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇماي ئۆتۈپ كېتىشى ۋە ئۆزى تونۇيدىغان كىشىلەرگىلا سالام قىلىدىغان بولۇپ قېلىشى قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر› دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم، — دېدى»(16).
«سەھىھەين»دە كەلگەن يەنە بىر رىۋايەتتە: «بىر كىشى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن:
— ئىسلام دىنىنىڭ ياخشى خىسلەتلىرى قايسىلار؟ دەپ سورىۋىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا: «كىشىلەرگە ئاش – نان بېرىشىڭ، تونۇيدىغان ئادەمگىمۇ، تونۇمايدىغان ئادەمگىمۇ سالام قىلىشىڭ» دەپ جاۋاب بەردى(17).
(23)، (24)، (25)
تىجارەتنىڭ ئەۋج ئېلىشى، ئايال كىشىنىڭ تىجارەتتە ئېرىگە ھەمكارلىشىدىغان بولۇپ كېتىشى، بەزى سودىگەرلەرنىڭ بازارنى مونوپول قېلىشى
بۇ دېگەنلىك تىجارەت قىلىش ئاسان بولۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن تىجارەتنىڭ كەڭ تارقىلىپ، تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ كۆپىيىپ، ھەتتا ئايال كىشىنىڭمۇ ئېرىگە ھەمكارلىشىپ تىجارەت ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان بولۇپ كېتىشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىككى ئالامەت بىر ھەدىستە كەلگەن بولۇپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «قىيامەتنىڭ ئالدىدا مۇنۇلار يۈز بېرىدۇ: تونۇش كىشىلەرگىلا سالام قىلىنىدىغان بولىدۇ؛ تىجارەتنىڭ كەڭ تارقىلىپ ئايال كىشى تىجارەتتە ئېرىگە ياردەملىشىدىغان بولىدۇ؛ سىلە – رەھىم ئۈزۈلۈپ كېتىدۇ، يالغان گۇۋاھلىق بېرىلىدىغان، راست گۇۋاھلىق بېرىلمەيدىغان بولىدۇ ۋە قەلەم ئىشلىتىش (ساۋاتلىق بولۇش) ئومۇملىشىپ كېتىدۇ»(18).
ئەمر ئىبنى تەغلىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «تۆۋەندىكىلەر قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر: پۇل – مالنىڭ كەڭ تارقىلىشى ۋە كۆپىيىشى، تىجارەتنىڭ ئەۋج ئېلىشى، ئىلىمسىزلىكنىڭ ئاشكارا بولۇپ كېتىشى، كىشىلەرنىڭ سودا قىلماقچى بولسا: ‹پالانچى جەمەتتىكى سودىگەرنىڭ رۇخسىتىنى ئالمىغۇچە سودا قىلالمايمەن› دەيدىغان بولۇپ كېتىشى، چوڭ بىر رايوندىن خەت يازالايدىغان بىرەر كىشىنىڭ ئىزدىلىپمۇ تېپىلمايدىغان بولۇپ قېلىشى»(19).
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «كىشىلەرنىڭ سودا قىلماقچى بولسا: ‹پالانچى جەمەتتىكى سودىگەرنىڭ رۇخسىتىنى ئالمىغۇچە سودا قىلالمايمەن› دەيدىغان بولۇپ كېتىشى» دېگىنىدىن چوڭ تىجارەتچىلەر – كاپىتال ئىگىلىرى ياكى ئىمپورت – ئېكسپورت ۋاكالەتچىلىرى بولۇشى مۇمكىن – بازارنى كونترول قىلىپ، مال باھاسىنى مونوپول قىلىۋالغاچقا، ئۇششاق تىجارەتچىلەر ئۇلارنىڭ رۇخسىتىسىز ئۆز تىجارەتلىرىنى يۈرۈشتۈرەلمەيدىغان ياكى سودىدا باشقا بىر تىجارەتچىنىڭ ئىختىيارلىقى شەرت قىلىنىدىغان بولۇپ كېتىشى دېگەن مەزمۇننى چۈشىنىشىمىز مۇمكىن.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «چوڭ بىر رايوندىن خەت يازالايدىغان بىرەر كىشى ئىزدىلىپمۇ تېپىلمايدىغان بولۇپ قېلىشى» دېگەن سۆزى بىلەن باشقا ھەدىسلەردىكى خەت يېزىشنىڭ كەڭ تارقىلىشى ھەققىدىكى بايانلاردىن «كومپيۇتېر، يانفون، ئاۋازنى يېزىققا ئايلاندۇرۇپ بېرىدىغان يۇمشاق دېتاللار ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش يېڭىچە خەت يېزىش قوراللىرى كەڭ تارقىلىپ، قوللىرى بىلەن خەت يازالمايدىغان ياكى يېزىشنى ياخشى بىلمەيدىغان بىر ئەۋلاد كىشىلەر پەيدا بولىدۇ» دېگەن مەزمۇننى چۈشىنىشىمىز مۇمكىن.
ياكى بۇ ھەدىستىكى «خەت يازالايدىغان كىشى» دېگەندىن سودا – سېتىق ئەھكاملىرىنى پىششىق بىلىدىغان، تىجارەت توختاملىرىنى يېزىپ بېرىدىغان ۋە بۇ قىلغانلىرىغا مۇكاپات تەمە قىلماستىن، ساۋابلا كۆزلەيدىغان كىشىلەر مەقسەت قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن(20).
(26)
يالغان گۇۋاھلىقلارنىڭ بېرىلىدىغان بولۇپ كېتىشى
يالغان گۇۋاھلىق — بىر كىشىنىڭ باشقىلار ئۈستىدىن گۇۋاھلىق بەرگەندە يالغان سۆزلەپ: «پالانىدا پالانچىنىڭ ھەققى بار» دەپ ئويدۇرما، بوھتان چاپلىشى بولۇپ، بۇ چوڭ گۇناھلارنىڭ قاتارىدىندۇر.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھابەلەرگە قايتا – قايتا ئۈچ قېتىم:
— مەن سىلەرگە چوڭ گۇناھلارنىڭ ئەڭ چوڭلىرىدىن خەبەر بەرمەيمۇ؟ — دېگەن ئىدى، ساھابەلەر:
— ماقۇل، خەبەر بەرسىلە، يا رەسۇلۇللاھ! — دېدى. رەسۇلۇللاھ:
— ئاللاھقا شىرك كەلتۈرۈش، ئاتا – ئانىنى قاقشىتىش، — دەپ تىك ئولتۇردى. ئەسلىدە يۆلىنىپ ئولتۇرغان ئىدى، ئاندىن:
— ئاگاھ بولۇڭلار! ساختا سۆز ۋە يالغان گۇۋاھلىق بېرىش. ئاگاھ بولۇڭلار! ساختا سۆز قىلىش ۋە يالغان گۇۋاھلىق بېرىش، — دېدى. رەسۇلۇللاھ ئاشۇ سۆزنى ئەمدى توختاپ قالسىچۇ دەپ قالغۇدەك دەرىجىدە قايتا – قايتا تەكرارلاۋەردى(21).
بۇ ئىشنىڭ كەڭ تارقىلىشى ۋە كىشىلەرنىڭ ئۇنى ئادەتتىكى ئىشتەك چاغلايدىغان بولۇپ كېتىشى قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر. ئىلگىرى ئۆتۈپ بولغان بىر ھەدىستىمۇ رەسۇلۇللاھنىڭ: «قىيامەتنىڭ ئالدىدا مۇنۇلار بولىدۇ…» دەپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا «يالغان گۇۋاھلىقلارنىڭ بېرىلىدىغان بولۇپ كېتىشى» (22)نى تىلغا ئالغان ئىدى.
يالغان گۇۋاھلىق بېرىش پەقەت سوتچى ياكى ھۆكۈمدارلارنىڭ ئالدىدا بېرىلىدىغان شاھىدلىقنىلا كۆرسەتمەيدۇ، بەلكى ئۇ بارلىق گۇۋاھلىقلارغا ئورتاقتۇر. شىركەت – ئورگانلاردىكى خىزمەتچىلەرنىڭ باشلىقى ئالدىدىكى گۇۋاھلىقى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپلەردىكى گۇۋاھلىقى، بالىلارنىڭ ئاتا – ئانىلىرى ئالدىدىكى گۇۋاھلىقى قاتارلىقلارمۇ شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يالغان گۇۋاھلىق ياكى يالغان قەسەم ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ھەققىنى يېۋىلىشتىن توسۇپ: «كىمكى بىرەر مۇسۇلماننىڭ ھەققىنى يالغان قەسەم بىلەن ئېلىۋالسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا دەرغەزەپ بولغان ھالدا مۇلاقات بولىدۇ» دېگەندىن كېيىن مۇنۇ ئايەتنى ئوقۇغان: ﴿ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىنى ۋە قەسەملىرىنى ئازغىنا بەدەلگە تېگىشىدىغانلار ئاخىرەتتە (ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن) ھېچقانداق نېسىۋىگە ئېرىشەلمەيدۇ، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارغا (ئۇلارنى خۇش قىلىدىغان) سۆز قىلمايدۇ﴾(3/«ئال ئىمران»، 77)(23).
ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ دېدىكى: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— كىمكى بىرەر مۇسۇلماننىڭ ھەققىنى يالغان قەسەم بىلەن ئېلىۋالسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا دوزاخنى تېگىشلىك قىلىپ، جەننەتنى ھارام قىلىدۇ، — دېدى. بىر كىشى رەسۇلۇللاھقا:
— ئازغىنە نەرسە بولسىمۇ شۇنداق بولامدۇ؟ ئى رەسۇلۇللاھ! — دېۋىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— بىر تال مىسۋاك شېخىچىلىك نەرسە بولسىمۇ شۇنداق بولىدۇ — دېدى»(24).
(27)
راست گۇۋاھلىقنىڭ يوشۇرۇلىدىغان بولۇپ كېتىشى
ئاللاھ تائالا مۇسۇلمان كىشىنى قېرىندىشىغا، مەيلى ئۇ زالىم بولسۇن ياكى مەزلۇم بولسۇن، ياردەم قىلىشقا بۇيرۇغان بولۇپ، زالىم بولسا ئۇنى زۇلۇم قىلىشتىن توسۇشى، مەزلۇم بولسا ئەگەر كۈچى يەتسە ھەققىنى ئېلىپ بېرىشى كېرەك. ئاللاھ تائالا يەنە راست گۇۋاھلىقنىڭ يوشۇرۇلۇشىدىن توسۇپ: ﴿گۇۋاھلىقنى يوشۇرماڭلار، كىمكى ئۇنى يوشۇرىدىكەن، ھەقىقەتەن ئۇنىڭ دىلى گۇناھكار بولىدۇ﴾(2/«بەقەرە»: 283) دېگەن.
زامان ئاخىرىدا كىشىلەر بىر – بىرىنىڭ ھەقلىرىنى يەۋالىدۇ، ھەقىقەتنى بىلىدىغان كىشىلەر ئۇنى ئاشكارا قىلماي جىم تۇرۇۋالىدۇ. ھەقنى سۆزلەشكە كۈچى يەتسىمۇ، ئۆز مەنپەئەتلىرىنى گۇۋاھچىلىقنى ئادا قىلىشتىن ئۈستۈن بىلگەچكە، بېشىنى ئىچىگە تىقىۋېلىپ ھەقنى سۆزلىمەيدۇ. خۇددى ئىلگىرى ئۆتكەن بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «قىيامەتنىڭ ئالدىدا مۇنۇلار بولىدۇ…» دېگەن سۆزىدە «راست گۇۋاھلىقلارنىڭ يوشۇرۇلىدىغان بولۇپ كېتىشى»(25) دەپ تىلغا ئالغىنىدەك، بۇمۇ قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر.
(28)
(دىنىي جەھەتتە) ئىلىمسىزلىكنىڭ ئەۋج ئېلىشى
ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا پەيغەمبىرى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ئىلىم ئۆگىنىشكە بۇيرۇپ: ﴿«ئى پەرۋەردىگارىم! ئىلمىمنى زىيادە قىلغىن!» دېگىن﴾(20/«تاھا»: 114) دېگەن. شۇڭا، پەيغەمبىرىمىز ئىلىم ئۆگەنگەن ۋە باشقىلارغا ئۆگەتكەن.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم (دىنىي جەھەتتە) ئىلىمسىزلىكنى ئەيىبلەپ: «قوپال، ئاچكۆز، (تولا جېدەل قىلىپ) بازاردا سۈرەن سالىدىغان، كېچىسى (نامازلارغا قوپماي پۈتۈن كېچە) ئۆلۈكتەك ئۇخلايدىغان، كۈندۈزى ئېشەكتەك ئىشلەيدىغان، دۇنيا ئىشلىرىنى بىلىدىغان، ئاخىرەت ئىشلىرىنى بىلمەيدىغان كىشىنى ئاللاھ يامان كۆرىدۇ»(26) دېگەن.
يەنە (دىنىي جەھەتتە) ئىلىمسىزلىكنىڭ تارقىلىپ كېتىشىنىڭ قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىن ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ: «قىيامەتنىڭ ئالدىدا ئىلىم كۆتۈرۈلۈپ كېتىپ، ئىلىمسىزلىك ئورۇن ئالىدىغان كۈنلەر بولىدۇ»(27) دېگەن.
يەنە بىر رىۋايەتتە: «قىيامەتنىڭ ئالدىدا ئىلىم كۆتۈرۈلۈپ كېتىپ، (دىنىي جەھەتتە) ئىلىمسىزلىك ئەۋج ئېلىپ كېتىدىغان كۈنلەر كېلىدۇ» دەپ كەلگەن(28).
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە: «كىيىمنىڭ كەشتىسى ئۆچكەندەك ئىسلامنىڭمۇ ئىزى ئۆچىدۇ. ھەتتا روزا، ناماز، قۇربانلىق، زاكاتنىڭ نېمىلىكى بىلىنمەي قالىدۇ»(29) دېگەن.
دەۋرىمىزدە كۆپلىگەن ئىسلام دىيارلىرىدا كىشىلەرنىڭ ئەھۋاللىرىنى ئىگىلىگەن كىشى شۇنى بايقايدۇكى، ئادەملەر ئۆزىنىڭ تۇرمۇشى ۋە مەنپەئەتىگە چېتىشلىق ئىشلارنى ئوبدان بىلىدۇ. لېكىن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كومپيۇتېر، يانفون، ماشىنا ۋەھاكازالارنى بىمالال ئىشلىتەلەيدىغان بىرىدىن: «‹الله الصمد / ئەللاھۇسسامەد›، ‹غاسق إذا وقب / غاسىقىن ئىزا ۋەقاب› دېگەن ئايەتلەرنىڭ مەنىسى نېمە؟ قايسى ۋاقىتتا سەھۋەنلىك سەجدىسى قىلىسەن؟ سالامدىن بۇرۇنمۇ يا كېيىنمۇ؟» دەپ سورىسىڭىز، كاللىسىنىڭ قۇپقۇرۇق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىسىز.
شۇنداق، دىنىي (جەھەتتىكى) ئىلىمسىزلىك ئەۋج ئالدى!!!
بىرەيلەن ھەتتا مەندىن: «نەفلە نامازدىن بۇرۇنمۇ تاھارەت ئېلىش ۋاجىبمۇ ياكى تاھارەت پەقەت پەرز نامازلاردىلا شەرت قىلىنامدۇ؟» دەپ سورىدى. ئۇنىڭ سوئالىدىن ئەجەبلىنىپ قالدىم، ئۇنىڭ ئالىي مەكتەپ 3 – يىللىقىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىكەنلىكىنى بىلگىنىمدە بولسا، داڭقېتىپ تۇرۇپ قالدىم.
ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپىنچە كىشىلەر نىكاھ – تالاق، ئېلىم – سېتىم، ئىبادەت ئەھكاملىرىغا قاتتىق ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنىمۇ بىلىشمەيدۇ. مېنىڭچە بۇنداق بولۇشى ئويۇن – تاماشالارنىڭ كۆپىيىشى، كىشىلەرنىڭ دۇنيالىق ھايات بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىپ، دىنىي ئىلىم سورۇنلىرى ۋە ئالىملارنىڭ سۆھبەتلىرى ۋە دىنىي كىتابلارنى تاشلاپ قويغانلىقىدىن بولغان.
ئاللاھ مەدەتكاردۇر!!!
(29)، (30)، (31)
پىخسىقلىق ۋە بېخىللىقنىڭ ئەۋج ئېلىپ كېتىشى، سىلە – رەھىمنىڭ ئۈزۈلىدىغان بولۇپ كېتىشى، قوشنىدارچىلىقنىڭ ناچارلىشىپ كېتىشى
قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىن يەنە بىرى بولسا مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنى تۇيدۇرماي ھالاك قىلىۋاتقان روھىي كېسەللىكلەر بولۇپ، بۇ كېسەللىكلەرنىڭ بىرى پىخسىقلىقتۇر.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «پىخسىقلىقنىڭ (كىشىلەر ئارىسىدا) ئەۋج ئېلىپ كېتىشى قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر»(30).
يەنە مۇنداق دېگەن: «(ئاخىر زاماندا) ۋاقىت قىسقىراپ كېتىدۇ (يەنى تېز ئۆتۈپ كېتىدۇ)، ئەمەل قىلىش(31) ئازلاپ كېتىدۇ، بېخىللىق (كىشىلەر قەلبىگە) تاشلىنىدۇ، فىتنەلەر كەڭ تارقىلىدۇ ۋە ئۆلتۈرۈش كۆپىيىپ كېتىدۇ»(32).
پىخسىقلىق دېگىنىمىز بېخىللىق بىلەن بىر ۋاقىتتا مال – دۇنياغا ھېرىس بولۇشنى ۋە پۇل – مال سەرپ قىلىش، ياخشى ئەمەل ۋە تائەتتىن توسقۇچى بارلىق ئىشلارنى كۆرسىتىدۇ.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە: «ناشايان ۋە يامان سۆز – ھەرىكەتلەرنىڭ قىلىنىشى، سىلە – رەھىمنىڭ ئۈزۈلۈشى، قوشنىدارچىلىقنىڭ ناچارلىشىشى ئېغىرلاشماي قىيامەت قايىم بولمايدۇ» دېگەن(33).
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مۇھەممەدنىڭ جېنى (يەنى مېنىڭ جېنىم) ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، ناشايان ئىشلار ۋە بېخىللىقلار ئەۋج ئالمىغۇچە، ئىشەنچلىك كىشى خىيانەتچى دەپ قارىلىپ، خىيانەتچى كىشى ئىشەنچلىك دەپ قارالمىغۇچە، ئېسىل كىشىلەر ھالاك بولۇپ پەسكەش كىشىلەر مەشھۇر بولمىغۇچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ»(34) دېگەن.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خەبەر بەرگەن ئىشلار ھەقىقەتەن يۈز بەردى، كىشىلەر ئارىسىدا پاساتچىلىقلارنىڭ ئەۋج ئېلىپ كېتىشىنى كۆرگىنىمىزدەك، سىلە – رەھىمنىڭ ئۈزۈلىدىغان بولۇپ كېتىشى ۋە قوشنىدارچىلىقنىڭ ناچارلىشىپ كېتىشىنىمۇ ھەم كۆرۈۋاتىمىز. ھازىر كىشىلەر ئارىسىدىكى مۇھەببەت، دوستلۇق، سىلە – رەھىمنىڭ ئورنىنى ئىناقسىزلىق، پەرۋاسىزلىق ئىگىلىگەن بولۇپ، ھەتتا قوشنا قوشنىنى تونۇمايدىغان، كىشىلەر ئۆزىنىڭ بەزى تۇغقانلىرىنىڭ ھايات – ماماتىدىنمۇ خەبەرسىز يۈرۈيدىغان ھالەت شەكىللەندى.
(32)
ناشايان سۆز – ھەرىكەتلەرنىڭ ئەۋج ئېلىپ كېتىشى
ناشايان سۆز – ھەرىكەتلەرنىڭ ئەۋج ئېلىپ كېتىشى — يېرىم يالىڭاچ كىيىملەرنى كىيىش، ئېغىزغا ئالغۇسىز سەت گەپ، ھاقارەتلەرنىڭ ئادەتتىكى ئىشتەك تۇيۇلۇپ قېلىشى بولۇپ، بىزنىڭ ئۈلگىمىز پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھېچقانداق بىر ناشايان سۆز ياكى ناشايان ھەرىكەت قىلغان ئەمەس.
ناشايان سۆز – ھەرىكەتلەرنىڭ ئەۋج ئېلىپ كېتىشىمۇ قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىن بىرى بولۇپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مۇھەممەدنىڭ جېنى ئىلكىدە بولغان زات ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ناشايان سۆز – ھەرىكەتلەر… ئەۋج ئېلىپ كەتمىگۈچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ»(35) دېگەن.
(33)
ئىشەنچلىك كىشىلەرنىڭ خىيانەتچى، خىيانەتچى كىشىلەرنىڭ ئىشەنچلىك دەپ قارىلىدىغان بولۇپ كېتىشى
بىز يۇقىرىقى بابلاردا «ئامانەتنىڭ كۆتۈرۈلۈپ كېتىشى، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنىڭ لاياقەتسىز كىشىلەرگە تاپشۇرۇلىدىغان بولۇپ كېتىشى قاتارلىقلارنى قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىن» دەپ ئۆتكەن ئىدۇق. قىيامەتنىڭ يەنە بىر ئالامىتى بولسا ئىشەنچلىك كىشىلەرنىڭ خىيانەتچى، خىيانەتچى كىشىلەرنىڭ ئىشەنچلىك دەپ قارىلىدىغان بولۇپ كېتىشىدۇر. يەنى ئامانەتدار، ئىشەنچلىك كىشىلەرگە گۇمان نەزەرى بىلەن قارىلىپ، ئۇلارنىڭ راستچىللىقى ۋە ئامانەتدارلىقىغا ئىشەنچ قىلىنمايدىغان، ئەكسىچە يالغانچى، تەخسىكەش مۇناپىقلارغا ۋە پەسكەش خىيانەتچىلەرگە ئىشەنچ قىلىنىدىغان بولۇپ كېتىشىدۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەقتە: «مۇھەممەدنىڭ جېنى ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، مۇنداق، مۇنداق ئىشلار بولمىغۇچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ» دەپ كېلىپ، بۇ ئىشلار قاتارىدا «ئىشەنچلىك كىشى خىيانەتچى، خىيانەتچى كىشى ئىشەنچلىك دەپ قارىلىدىغان بولۇپ كەتمىگۈچە»([36]) دېگەننى تىلغا ئالغان.
(34)
ئېسىل كىشىلەر تۈگەپ كېتىپ، پەسكەش كىشىلەرنىڭ دەۋر سۈرۈشى
بۇمۇ قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر. يەنى ئېسىل كىشىلەر، دانىشمەنلەر، ئاقىللار ۋە ئالىملار تۈگەپ كېتىپ، بىر تۈركۈم پەسكەش كىشىلەر دەۋر سۈرىدۇ. ئۇلار كىشىلەرنىڭ ئەڭ نادان، ئەڭ پەسكەشلىرى بولۇشىغا قارىماي جەمئىيەت شۇلارغا قالىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەقتە: «مۇھەممەدنىڭ جېنى ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، مۇنداق، مۇنداق ئىشلار بولمىغۇچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ» دەپ كېلىپ، «ئېسىل كىشىلەر تۈگەپ كېتىپ پەسكەش كىشىلەر دەۋر سۈرمىگۈچە»(37) دېگەننى تىلغا ئالغان.
پەسكەش كىشىلەرنىڭ دەۋر سۈرۈشى دېگەنلىك ئۇلارنىڭ تۈرلۈك ئەمەل – مەنسەپلەرگە ئىگە بولۇشى، ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ كېچە – كۈندۈز ئۇلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا دۇمباقچىلىرىنىڭ كۆپ بولۇشى دېگەنلىكنى، ئېسىل كىشىلەرنىڭ تۈگەپ كېتىشى دېگەنلىك ئۇلارنىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن يىراقلاشتۇرۇلۇپ، كىشىلەردىن ئايرىۋېتىلىشى دېگەنلىكنى كۆرسەتسە كېرەك. شۇڭا جەمئىيەتتە ناخشا – ئۇسۇل ۋە شۇنىڭدەك بۇزۇقچىلىقلارنى كەسىپ قىلغانلار مەشھۇر بولۇپ كېتىپ، تېبابەت، ئېنژىنېرلىققا ئوخشاش ئىلمىي ساھەلەردىكى كەشپىياتچى، ئالىملار بولسا بىر چەتتە قالماقتا.
گەرچە ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر دىنىي سورۇنلارغا يۈزلىنىۋاتقان، كۆپلىگەن ئىسلام ئەللىرىدە ئۆلىمالار، دەۋەتچىلەر ئىززەتلىنىپ، كىشىلەر ئۇلارنىڭ سورۇنلىرىغا ھېرىسمەن بولۇۋاتقان، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا دىنىي قانال ۋە پروگراممىلار كۈنسېرى كۆپىيىپ، مۇسۇلمان ئەمەسلەرمۇ بۇ تۈردىكى پروگراممىلارغا قىزىقىۋاتقان، شۇنداقلا بۇ جەھەتتە نۇرغۇنلىغان مەنپەئەتلەر ھاسىل بولۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئومۇمىي جەھەتتىن يۇقىرىقى تەتۈر يۈزلىنىش يەنىلا كۆرۈنەرلىكتۇر.
(35)
كىشىلەرنىڭ پۇل – مال تېپىشتا ھالال – ھارامغا پەرۋا قىلمايدىغان بولۇپ كېتىشى
مۇسۇلمان كىشى تەقۋادارلىقى ئاجىزلاپ ئىمانى سۇسلاپ كەتكەندە ئاسانلا شۈبھىلىك ئىشلارغا چۈشۈپ قالىدۇ – دە، ئاستا – ئاستا ھارامغا يۈزلىنىپ، پۇل – مېلىنى ھالالدىن تاپتىمۇ ياكى ھارامدىن تاپتىمۇ بۇنىڭغا پەرۋا قىلمايدىغان بولۇپ كېتىدۇ. بۇخىل ئىللەت زامانىمىز كىشىلىرى ئارىسىدا خېلىلا ئومۇملىشىپ قالدى.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلغان: «كىشىلەرگە شۇنداق بىر زامانلار كېلىدۇكى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مال – دۇنياسىنى ھالالدىن تاپتىمۇ ياكى ھارامدىنمۇ بۇنىڭغا پەرۋا قىلمايدىغان بولۇپ كېتىدۇ»(38).
ھازىر ئەتراپىمىزنى كۆزىتىپ باقىدىغان بولساق، نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ «ھالال – ھارام» دەپ ئايرىپ ئولتۇرماستىن، ھەرقانداق يول بىلەن مال – دۇنيا تېپىشقا ئۆزلىرىنى ئۇرۇۋاتقانلىقىنى بايقايمىز.
مانا مۇشۇ يامان ئىللەت تۈپەيلىدىن مۇسۇلمانلار جەمئيىتى بۇزۇلۇپ، كىشىلەر ھاراق – تاماكا ۋە ئاياللارنى يېرىم – يالىڭاچ قىلىپ قويىدىغان غەربچە كىيىم – كېچەك سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىش، جازانە قىلىش، دۇكان – رەستىلىرىنى ھارام سودا بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا ئىجارىگە بېرىش قاتارلىق ھارام ئىشلارنى ئېغىر ئالمايدىغان بولۇپ قالدى. ھالبۇكى ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالا: ﴿ھالال نەرسىلەرنى يەڭلار﴾(23/«مۇئمىنۇن»: 50) دېگەن ئىدى.
ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالا پاكتۇر، پەقەت ۋە پەقەت پاك نەرسىلەرنىلا قوبۇل قىلىدۇ، ھارامدىن ئۆسكەن ھەربىر پارچە گۆش دوزاخقا ئەڭ لايىقتۇر.
زامانىمىزدا شۈبھىلىك نەرسىلەردىن ئېھتىيات قىلىدىغان كىشىلەر باشقىلارنىڭ نەزەرىدە بىنورمال كىشىلەرگە ئايلىنىپ قالدى، پارا قوبۇل قىلمايدىغان كىشىلەر بولسا ئۆزىنىڭ ئەمەل – مەنسەپلىرىنىمۇ تۇتۇپ تۇرالمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدى. ھالبۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ئىشلاردىن ئاگاھلاندۇرۇپ: «شۈبھىلىك ئىشلاردىن ھەزەر ئەيلىگەن ئادەم دىنىنى ۋە ئابرۇيىنى ساقلىغان بولىدۇ، شۈبھىلىك ئىشلارنى قىلغان ئادەم (ئاسانلا) ھارامغا چۈشۈپ قالىدۇ»(39) دېگەنىدى.
ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالادىن بىزنى ھىدايەت قىلىپ دىندا مۇستەھكەم قىلىشىنى سورايمىز.
(36)
غەنىيمەتلەرنىڭ بايلار ئارىسىدا تەقسىم قىلىنىدىغان بولۇپ قېلىشى
غەنىيمەتلەر — دۈشمەنلەرنىڭ مۇسۇلمان قوشۇنلىرىدىن قورقۇپ تاشلاپ قېچىپ كەتكەن مال – مۈلۈكلىرى ۋەياكى ئۇلارنىڭ جەڭگە كىرىشتىن بۇرۇن مۇسۇلمانلارغا تەسلىم بولۇشى ئارقىلىق قولغا كېلىدىغان ئولجىلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇ تۈردىكى غەنىيمەتلەر ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالا تۆۋەندىكى ئايەتتە بۇيرۇغىنى بويىچە مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئادىل تەقسىم قىلىنىدۇ: ﴿ئاللاھ پەيغەمبىرىگە غەنىيمەت قىلىپ بەرگەن ئەھلى قۇرا (يەنى بەنى قۇرەيزە، بەنى نەزىر، پەدەك ۋە خەيبەر كۇففارلىرى)نىڭ ماللىرىنى ئىچىڭلاردىكى بايلار ئارىسىدا قولدىن – قولغا ئۆتۈپ يۈرمەسلىكى ئۈچۈن ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە، پەيغەمبەرنىڭ خىش – ئەقرىبالىرىغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، ئىبنى سەبىللەرگە خاس قىلدى. پەيغەمبەر سىلەرگە بەرگەننى ئېلىڭلار، پەيغەمبەر چەكلىگەن نەرسىدىن چەكلىنىڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر﴾(59/«ھەشر»: 6، 7).
ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالا كەمبەغەللەرنىڭ بىر چەتتە قېلىپ، غەنىيمەتلەرنى بايلارنىڭ ئىگىلىۋالماسلىقى ئۈچۈن ئۇنى ئۆزى بەلگىلىگەن بويىچە تەقسىم قىلىشقا بۇيرۇدى.
زامان ئاخىرىدا كىشىلەر ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالانىڭ تەقسىماتىغا خىلاپلىق قىلىپ، غەنىيمەتلەرنى بايلار ۋە ھوقۇقدارلارلا ئۆزئارا تەقسىملىۋالىدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇ ھەقتە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان: «ئەگەر غەنىيمەتلەر بايلار ئارىسىدا ئۆزئارا تەقسىم قىلىنىدىغان بولۇپ قالسا، ئامانەت ئولجىغا ئايلىنىپ قالسا…»(40)
دوكتور مۇھەممەد ئەلئەرىيفىي
دۇنيا ئۆزىنىڭ ئاداققى تىنىقلىرىدا
قىيامەتنىڭ چوڭ – كىچىك ئالامەتلىرى
ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى:
«ساجىيە تەرجىمە ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش سىنىپى» ئوقۇغۇچىلىرى
1. ئەھمەد (22204). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەنەدى ھەسەن» دېگەن.
2. مۇسلىم (2128).
3. مۇسلىم (2857).
4. مۇسلىم (2908).
5. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6497)؛ مۇسلىم (206).
6. بۇخارىي (59).
7. بۇخارىي (7319).
8. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (3456)؛ مۇسلىم (2669).
9. «فەتھۇلبارىي»، 20/387.
10. مۇسلىم (8).
11. مۇسلىم (2128).
12. «مۇسلىم» (8).
13. ئەھمەد (2926). ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 3/332) «سەھىھ» دېگەن.
14. شەيخ ئەتتۇۋەيجىرىي: «إتحاف الجماعة بما جاء في الفتن والملاحم وأشراط الساعة»، 2/162.
15. مۇسلىم (203).
16. سەھىھۇ ئىبنى خۇزەيمە (1326). سەنەدى زەئىف، لېكىن ئالبانىي باشقا يوللىرىنى كۆزدە تۇتۇپ («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 647 – 649 – لەردە توختالغىنىدا): «سەھىھ» دېگەن.
17. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (12)؛ مۇسلىم (169).
18. ئەھمەد (3870). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «ھەسەن» دېگەن. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
19. نەسائىي (4456). ئالبانىي: «ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»دە: «سەھىھ» دېگەن.
20. ئەڭ ئاخىرقى قاراشنى سىىندىي «نەسائىي»گە يازغان ھاشىيەسىدە تىلغا ئالغان.
21. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي، (5976)؛ مۇسلىم، (87). بۇ ھەدىسنى ئەبۇ بەكرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان.
22. ئەھمەد: (3870). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «ھەسەن» دېگەن. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
23. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي، (7445)؛ مۇسلىم، (138).
24. مۇسلىم (137).
25. ئەھمەد (3870). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «ھەسەن» دېگەن. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
26. ئىبنى ھىببان (72). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەنەدى سەھىھ» دېگەن.
27. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (7063)؛ مۇسلىم (6959).
28. بۇخارىي (7066).
29. ئىبنى ماجە (4049). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
30. تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل ئەۋسەت»، (748).
31. «مۇسلىم» رىۋايەتىدە: «ئىلىم ئازلاپ كېتىدۇ» دەپ كەلگەن.
32. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6037)؛ مۇسلىم (157).
33. «ئەھمەد»، (6514). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەھىھ لىغەيرىھى» دېگەن. «ئەلمۇستەدرەك»، (8566). ھاكىم ۋە زەھەبىيلەر: «سەھىھ» دېگەن.
34. تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل ئەۋسەت»، (3767)؛ «ئەلمۇستەدرەك» (8644). ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 3211) «سەھىھ» دېگەن.
35. يۇقىرىقى ئالامەتتە ئۆتتى.
36. يۇقىرىدا ئۆتتى. تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل ئەۋسەت»، (3767)؛ «ئەلمۇستەدرەك» (8644). ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 3211) «سەھىھ» دېگەن.
37. يۇقىرىدا ئۆتتى. تەبەرانىي «ئەلمۇئجەمۇل ئەۋسەت»، (3767). «ئەلمۇستەدرەك»، (8644). ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 3211) «سەھىھ» دېگەن.
38. بۇخارىي (2083).
39. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (52)؛ مۇسلىم (1599).
40. تىرمىزىي (2211). تىرمىزىي: «غەرىب» دېگەن. ئالبانىي: «زەئىف» دېگەن.