(37)
ئامانەتنىڭ ئولجىغا ئايلىنىپ قېلىشى
ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالا ئامانەتنى ياخشى ئاسراپ ئۆز ئىگىلىرىگە قايتۇرۇشقا بۇيرۇپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرنى ئامانەتلەرنى ئۆز ئىگىسىگە قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ﴾(4/«نىساﺋ»: 58).
زامان ئاخىرىدا ساقلاپ بېرىش ئۈچۈن بىر كىشىگە مال – مۈلۈك ئامانەت قويۇلسا، ئامانەت ئالغۇچى ئامانەت ئىگىسىنى تونۇماس بولۇۋېلىپ، ئامانەتنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالىدىغان بولۇپ قالىدۇ.
(38)
كىشىلەرنىڭ زاكاتنى چىن كۆڭلىدىن رازى بولۇپ بەرمەيدىغان بولۇپ كېتىشى
ئەسلىدە كىشىلەر مال – دۇنيالىرىنىڭ زاكىتىنى چىن كۆڭلىدىن رازى بولۇپ بېرىشى كېرەك ئىدى. چۈنكى، زاكات مال – دۇنيالارنى ھارامدىن پاكلايدىغان، بەندىنى پەرۋەردىگارىغا يېقىنلاشتۇرىدىغان بىر تۈرلۈك ئىبادەت بولۇپ، ھەرگىزمۇ باج ياكى جەرىمانىگە ئوخشىمايدۇ.
زامان ئاخىرىدا كىشىلەر ئارىسىدا ئاچكۆزلۈك، بېخىللىق ئىللەتلىرى يامراپ، بايلار ماللىرىنىڭ زاكىتىنى رازىمەنلىك بىلەن ئايرىماستىن، خۇددى مەجبۇرىي ئېلىنىدىغان جەرىمانىدەك ھېس قىلىپ، بىئاراملىق ئىچىدە ئادا قىلىدىغان بولۇپ كېتىدۇ. ئۇلارنىڭ زاكات بېرىشتىكى نىيىتى ساپ بولمىغاچقا، ئاللاھنىڭ نەزەرىدىكى زاكاتنىڭ ئەجرىدىن قۇرۇق قالىدۇ.
(39)
شەرئىي ئىلىملەرنىڭ ئاللاھتىن باشقىسى ئۈچۈن ئۆگىنىلىدىغان بولۇپ كېتىشى
ئىنسان ئەسلىدە شەرئىي ئىلىملەرنى ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىش ئارقىلىق ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالاغا قۇلچىلىق قىلىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ تائالا، ئاللاھ تائالانىڭ پەرىشتىلىرى، ئاسمان – زېمىن ئەھلى، ھەتتا ئۆز ئۇۋىسىدىكى چۈمۈلە ۋە دېڭىزدىكى بېلىقلارمۇ كىشىلەرگە ئىلىم ئۆگەتكۈچىلەرگە خەيرلىك دۇئا قىلىدۇ»(1).
زامان ئاخىرىدا بىر بۆلۈك كىشىلەر شەرئىي ئىلىمنى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن خالىس ئۆگەنمەستىن، بەلكى كىشىلەر ئارىسىدا ئىززەت – ئابرۇيغا، شان – شەرەپكە ئېرىشىش مەقسىتىدە ئۆگىنىدۇ.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان: «غەنىيمەتلەر بايلار ئارىسىدا ئۆزئارا تەقسىم قىلىنىدىغان، … شەرئىي ئىلىملەر ئاللاھتىن باشقىسى ئۈچۈن ئۆگىنىلىدىغان بولۇپ كەتسە… »(2) بۇ ھەدىس كېيىن تولۇق كەلتۈرۈلىدۇ(3).
(40)
ئەرلەرنىڭ ئاياللىرىغا مايىل بولۇپ ئانىلىرىنى قاقشىتىدىغان بولۇپ كېتىشى
بۇمۇ قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىن بولۇپ، ئەرلەر ئانىلىرىنى قاقشىتىش بەدىلىگە ئاياللىرىنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىدىغان بولۇپ كېتىدۇ. بۇ خىل ھادىسە جەمئىيتىمىزدە كۆپ كۆرۈلۈشكە باشلىدى. بىز نۇرغۇنلىغان بىچارە ئانىلارنىڭ ئۆيىدە ئۆزى يالغۇز تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى، بالىلىرىنىڭ ئۇلارنى ئاندا – ساندا يوقلاپ قويىدىغانلىقىنى، خوتۇن – بالىلىرىنىڭ بولسا كەڭ – كۇشادە، راھەت – پاراغەتتە تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. ئاتا – ئانىلار بالىلىرى بىلەن بىرگە ياشىغان تەقدىردىمۇ ئۇلارنىڭ كېلىنلىرى ۋە نەۋرىلىرى بەھرىمەن بولغان غەمخورلۇقتىن مەھرۇم بولۇۋاتقانلىقىنى ئۇچرىتىۋاتىمىز.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ خىل ئەھۋالدىن بېشارەت بەرگەن بولۇپ، ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان: «ئەگەر غەنىيمەتلەر بايلار ئارىسىدا ئۆزئارا تەقسىم قىلىنىدىغان، ئەرلەر ئاياللىرىغا مايىل بولۇپ ئانىلىرىنى قاقشىتىدىغان، دوست – بۇرادەرلىرى بىلەن يېقىنلىشىپ ئاتىلىرىغا پەرۋا قىلمايدىغان بولۇپ كەتسە …»(4). بۇ ھەدىس كېيىن تولۇق كەلتۈرۈلىدۇ(5).
(41)
كىشىلەرنىڭ دوست – بۇرادەرلىرى بىلەن يېقىنلىشىپ ئاتىلىرىغا پەرۋا قىلمايدىغان بولۇپ كېتىشى
بۇمۇ ئاتىلارنى قاقشىتىشنىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ، قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. بىر قىسىم ياشلار، بولۇپمۇ ئاتىلىرى ياشىنىپ كۆپ تاپا – تەنە ۋە مالامەت قىلىدىغان، كۆپ ئاغرىنىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغاندا، ئۇلاردىن بەكرەك دوست – بۇرادەرلىرى بىلەن يېقىنلىشىپ ھەمسۆھبەت بولۇشى مۇمكىن. پەرزەنتلەر بۇ خىل ئەھۋالدىن چوقۇم ساقلىنىشى، دادىسىنىڭ ئۆزى ئۈستىدىكى ھەقلىرىنى ياخشى تونۇپ، قولىدىن كېلىشىچە ياخشىلىق قىلىشى كېرەك. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالا بۇھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئاتا – ئانىلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار﴾(4/«نىساﺋ»: 36).
(42)
مەسجىدلەردە چۇقان – سۈرەنلەر سېلىنىدىغان بولۇپ كېتىشى
ئەسلىدە مەسجىدلەر كىشىگە بىر خىل تىنچلىق، خاتىرجەملىك، ئەيمىنىش تۇيغۇسى ئاتا قىلىدىغان ئورۇن بولۇپ، زامان ئاخىرىدا مەسجىدلەردە چۇقان – سۈرەنلەر سېلىنىپ جېدەل – ماجىرالار قىلىنىدىغان بولۇپ كېتىدۇ.
(43)
كىشىلەرگە پاسىق كىشىلەرنىڭ باش بولىدىغان بولۇپ كېتىشى
ئەسلىدە كىشىلەرگە ئەڭ ياخشى، ئەڭ ئالىم، ئەڭ دانىشمەن بولغانلىرى باش بولۇشى كېرەك. شۇنداق بىر زامانلار كېلىدۇكى، كىشىلەرگە پاسىق كىشىلەر باش بولۇپ ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان بولۇپ كېتىدۇ. بۇنداق پاسىق كىشىلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا چىقىشى، ئۇلارنىڭ باشقىلارغا قارىغاندا مال – دۇنياسىنىڭ كۆپ، ئالاقە دائىرىسىنىڭ كەڭ، نەسەب – مەرتىۋىسىنىڭ يۇقىرى بولغانلىقى ياكى مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ۋاسىتە تاللىمايدىغان كىشىلەردىن بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن.
(44)
كىشىلەرگە ئەڭ پەسكەش كىشىلىرىنىڭ باش بولىدىغان بولۇپ كېتىشى
بۇ ئالامەت يۇقىرىدىكى ئالامەتكە ئوخشىشىپ كېتىدۇ. زامان ئاخىرىدا كىشىلەر ئىچىدىكى پەسكەش ئىنسانلار مەيلى سەپەرلەردە بولسۇن، مەيلى بىرەر ئىش ئۈچۈن توپلانغاندا بولسۇن، ئۇلارغا باش بولىدىغان، ئەكسىچە ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ دانىشمەن بولغانلىرى بىر چەتتە قالىدىغان بولۇپ كېتىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال زاماننىڭ تۈپتىن بۇزۇلۇشى ۋەياكى پەسكەش كىشىلەرنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى سەۋەبلىك كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.
(45)
كىشىلەرنىڭ يامانلىقىدىن قورقۇپ ھۆرمەتلىنىدىغان بولۇپ كېتىشى
بۇ خىل ئەھۋال جەمئىيەتتە ناچار كىشىلەرنىڭ باش بولۇشى كۆپىيىپ كەتكەنلىكتىن كېلىپ چىقىدىغان بولۇپ، كىشىلەر ھەددىدىن زىيادە زالىم بولغان بىر كىشىنىڭ ئەزىيىتىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇنى تۆرگە چىقىرىپ ئىززەت – ئىكرام كۆرسىتىشكە مەجبۇر بولىدۇ.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ خىل ئەھۋالدىن ئالدىن بېشارەت بەرگەن بولۇپ، ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئەگەر غەنىيمەت بايلار ئارىسىدا ئۆزئارا تەقسىم قىلىنىدىغان، ئامانەتلەرگە خىيانەت قىلىنىدىغان، زاكات جەرىمانىدەك بولۇپ قالىدىغان، ئىلىم ئاللاھتىن غەيرىنى كۆزلەپ ئۆگىنىلىدىغان، ئەرلەر ئاياللىرىغا مايىل بولۇپ ئانىلىرىنى قاقشىتىدىغان، مەسجىدلەردە چۇقان – سۈرەن سېلىنىدىغان، كىشىلەرگە ئەرزىمەس كىشىلىرى باش بولىدىغان، پاسىق كىشىلەر يېتەكچى بولىدىغان، دوست – بۇرادەرلىرى بىلەن يېقىنلىشىپ دادىلىرىغا پەرۋا قىلمايدىغان، كىشىلەر يامانلىقىدىن قورقۇپ ھۆرمەتلىنىدىغان، ناخشىچى ئاياللار، چالغۇ – ئەسۋابلار كەڭ تارقىلىدىغان، ھاراق – شارابلار ئىچىلىدىغان، بۇ ئۈممەتنىڭ كېيىنكى كىشىلىرى ئىلگىرىكى كىشىلىرىگە لەنەت ئوقۇيدىغان بولۇپ كەتسە، سىلەر مۇشۇ ۋاقىتتا قىزىل بوران، يەر تەۋرەش، كۈن تۇتۇلۇش، ئاسماندىن تاش يېغىش، سۈرىتى ئۆزگەرتىۋېتىلىش قاتارلىق ئالامەتلەرنىڭ خۇددى كونىراپ يىپى ئۈزۈلگەن مارجان چېچىلغاندەك ئارقا – ئارقىدىن يۈز بېرىشىنى كۈتۈڭلار»(6).
(46)، (47)، (48)، (49)
زىنا، يىپەك، ھاراق ۋە چالغۇ – ئەسۋابلارنىڭ ھالال سانىلىدىغان بولۇپ كېتىشى
زىنا قىلىش، ئەرلەرنىڭ يىپەك كىيىملەرنى كىيىشى، ھاراق ۋە چالغۇ – ئەسۋابلارنىڭ ھاراملىقىنى بىلمەيدىغان مۇسۇلمان بولمىسا كېرەك. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ زامان ئاخىرىدا بۇ ھارام ئىشلارنى ھالال سانايدىغان بولۇپ كېتىشىدىن بېشارەت بەرگەن بولۇپ، بۇ ئەھۋالنىڭ قىيامەتنىڭ يېقىنلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.
كىشىلەرنىڭ بۇ ھارام ئىشلارنى ھالال سانايدىغان بولۇپ كېتىشى دېگەنلىك تۆۋەندىكى ئىككى ئىشنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىن:
بىرىنچى، بۇ ئىشلارنى ھارام ئەمەس، ھالال دەپ ئېتىقاد قىلىدىغان بولۇپ كېتىشى؛
ئىككىنچى، بۇ ئىشلارنىڭ كىشىلەر ئارىسىدا ئومۇملىشىپ ئادەتكە ئايلىنىپ كېتىشى سەۋەبلىك، بۇ ئىشلارنى ئىنكار قىلمايدىغان، بۇ ئىشلارنى قىلغاندا ھاراملىقىنى ھېس قىلمايدىغان بولۇپ كېتىشى.
ئەبۇ ئامىر ياكى ئەبۇ مالىك ئەلئەشئەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان: «مېنىڭ ئۈممىتىمدىن شۇنداق بىر گۇرۇھ كىشىلەر پەيدا بولىدۇكى، ئۇلار زىنانى، يىپەكنى، ھاراقنى ۋە چالغۇ – ئەسۋابلارنى ھالال قىلىۋالىدۇ. يەنە بىر قىسىم كىشىلەر بىر تاغنىڭ باغرىغا يەرلىشىدۇ، ئۇلارنىڭ قويچىسى ئۇلارنىڭ قويلىرىنى شۇ ئەتراپتا باقىدۇ، ئۇلارنىڭ قېشىغا بىر كەمبەغەل كىشى كېلىپ ھاجىتىنى سورىغاندا، ئۇلار: ›قېشىمىزغا ئەتە كەلگىن‹ دېيىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ كېچىدە ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تاغنى باستۇرۇپ ھالاك قىلىدۇ، قالغانلىرىنى چوشقا، مايمۇنلارغا ئايلاندۇرۇۋېتىدۇ. ئۇلار قىيامەت كۈنىگىچە شۇ ھالىتىدە (چوشقا، مايمۇن ھالىتىدە) تۇرىدۇ»(7).
دەۋرىمىزدە كۆپ قىسىم مۇسۇلمان ئەللىرى زىنا – پاھىشىگە، ھاراق – شارابقا سەل قاراپ پاھىشىخانىلار قانۇنىي جەھەتتىن قوغدىلىدىغان، زىنانى كەسپ قىلغان پاھىشىلەرگە تىجارەت كىنشكىسى تارقىتىلىدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. ھاراق بولسا بەزى ئەرەب – ئىسلام دۆلەتلىرىدە بازارلاردا ئاشكارا ھالدا سېتىلىدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتتى.
ئەبۇ مالىك ئەلئەشئەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «ئۈممىتىمدىن بىر بۆلۈك كىشىلەر مۇزىكىلار بىلەن ئايال ناخشىچىلار ئويۇن كۆرسىتىۋاتقان يەرلەردە ئولتۇرۇپ، ھاراقنى باشقا ناملار بىلەن ئاتاپ ئىچىشىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى يەرگە يۇتقۇزۇۋېتىدۇ، ئۇلارنىڭ بىر قىسىملىرىنى چوشقا ۋە مايمۇنلارغا ئايلاندۇرۇۋېتىدۇ»(8).
ناخشا – مۇزىكا ئاڭلاش زامانىمىزدا نۇرغۇنلىغان كىشىلەر مۇپتىلا بۇلۇۋاتقان ئەڭ خەتەرلىك گۇناھلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ زىكرىدىن، نامازدىن، قۇرئان ئاڭلاپ مەنپەئەتلىنىشتىن توسۇپ قويۇۋاتقان قەلب كېسەللىكلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿بەزى كىشىلەر بىلىمسىزلىكتىن، ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن بىھۇدە گەپ – سۆزلەرنى سېتىۋالىدۇ ۋە ئاللاھنىڭ يولىنى مەسخىرە قىلىدۇ. ئەنە شۇلار خور قىلغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ﴾(31/«لۇقمان»: 6).
ئالىمالار «بىھۇدە گەپ – سۆزلەر» دېگەننى ناخشا ۋە چالغۇ – ئەسۋابلار، دەپ چۈشەندۈرگەن.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ناخشا – مۇزىكا ئاڭلاش ۋە زىنا قىلىشنى ھاراق ئىچىش بىلەن بىللە كەلتۈرۈپ: «مېنىڭ ئۈممىتىمدىن شۇنداق بىر بۆلۈك كىشىلەر پەيدا بولىدۇكى، ئۇلار زىنانى، يىپەكنى، ھاراقنى ۋە ناخشا – مۇزىكىنى ھالال قىلىۋالىدۇ»(9) دېگەن.
دەۋرىمىزدە ناخشا – مۇزىكا شۇ دەرىجىدە كەڭ تارقالدىكى، مەخسۇس ناخشا – مۇزىكا قويىلىدىغان رادىئو – تېلېۋىزىيە قاناللىرى تەستىقلىنىپ، كېچە – كۈندۈز تۈرلۈك ناخشا – مۇزىكىلارنى ئاڭلىتىدۇ. بۇ قاناللار نە خەبەر ئاڭلىتىش ئۈچۈن، نە قۇرئان ئاڭلىتىش ئۈچۈن بىرەر دەقىقىمۇ توختاپ قالمايدۇ. ئېنىقكى، بۇ قىيامەتنىڭ، شۇنداقلا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بېشارەتلىرىنىڭ راستلىقىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، ھەربىر مۇسۇلمان بۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى لازىم. ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «سۇ زىرائەتنى ئۈندۈرگەندەك، ناخشا – مۇزىكا قەلبلەردە نىپاقنى ئۈندۈرىدۇ»(10) دېگەن.
(50)
كىشىلەرنىڭ ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلىدىغان بولۇپ قېلىشى
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاخىرقى زاماندا زۇلۇم ۋە فىتنە – پاساتلارنىڭ كۆپىيىپ كېتىدىغانلىقى، ھەتتا كىشىلەرنىڭ قەبرنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، ئۆزلىرىگە ئۆلۈمدىنمۇ ئېغىر كەلگەن بالايى – ئاپەت ۋە جاپا – مۇشەققەتلەردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ئۆزلىرىنىڭ ئاشۇ ئۆلگەن كىشىنىڭ ئورنىدا بولۇشىنى ئارزۇ قىلىپ كېتىدىغانلىقى ھەققىدە خەبەر بەرگەن.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىشى قەبرە يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، كاشكى بۇ قەبردىكى كىشىنىڭ ئورنىدا مەن بولۇپ قالسامچۇ؟! دەيدىغان بولمىغۇچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ»(11) دېگەن.
ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «شۇنداق بىر زامانلار كېلىدۇكى، سىلەرنىڭ ھەرقانداق بىرىڭلار ئۆلۈمنىڭ سېتىلىدىغانلىقىنى بىلسە ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇنى سېتىۋالغان بولاتتى»(12) دېگەن.
بۇ ھەدىس پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «سىلەردىن ھەرقانداق بىر كىشى ئۆزىگە يەتكەن بەختسىزلىك سەۋەبىدىن ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلمىسۇن»(13) دېگەن ھەدىسىگە ئوخشاش ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلىشتىن چەكلەيدىغان ھەدىسلەر بىلەن زىت ئەمەس، چۈنكى بۇ ھەدىسنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاخىر زاماندا بولىدۇ دېمىگەن. ئاخىر زاماندا ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلىدىغان بولۇپ قېلىش دېگەنلىك ئۆلۈمنىڭ تېزرەك كېلىشىگە دۇئا قىلىدىغان بولۇپ قىلىش دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى كىشىنىڭ ئۆزى دۇچار بولغان بالالاردىن ئۆلۈم بىلەن بولسىمۇ قۇتۇلۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان بولۇپ قېلىشى دېگەنلىكتۇر.
كىشىلەرنىڭ ئىمانىنىڭ بالايى ئاپەتلەرنى كۆتۈرۈشچانلىقى ۋە سەبر قىلىش كۈچى ھەر خىل بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ خىل ھېسسىياتنىڭ ئاخىر زاماندىكى ھەربىر مۇسۇلماندا بولۇشى شەرت ئەمەس، بەلكى مەلۇم بىر يۇرتتا، مەلۇم بىر شارائىتتا بولۇشىمۇ مۇمكىن.
(51)
كىشىلەرنىڭ مۇئمىن ھالەتتە تاڭ ئاتقۇزۇپ كافىر ھالەتتە كەچ قىلىدىغان زامانلارنىڭ كېلىشى
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاخىرقى زاماندا فىتنە – پاساتنىڭ كۆپ بولۇشى، شەھۋانىي ئىشلارنىڭ كەڭ تارقىلىشى ۋە ياخشى كىشىلەرنىڭ ئاز بولۇشى تۈپەيلىدىن كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىدا ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقى، ئۆزئارا ئىختىلاپلىشىدىغانلىقى، شۇ ۋەجدىن كىشىلەر مۇئمىن ھالەتتە تاڭ ئاتقۇزۇپ كافىر ھالەتتە كەچ قىلىدىغانلىقى، بىر ھالەتتە مۇقىم تۇرمايدىغانلىقى ھەققىدىمۇ خەبەر بەرگەن.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا ئالدىراڭلار. قاراڭغۇ كېچىنىڭ پارچىلىرىغا ئوخشاش فىتنە – پاساتلار مەيدانغا كېلىدۇ. بىر كىشى مۇئمىن ھالىتىدە تاڭ ئاتقۇزۇپ، كافىر ھالىتىدە كەچ قىلىدۇ. مۇئمىن ھالىتىدە كەچ قىلىپ، كافىر ھالىتىدە تاڭ ئاتقۇزىدۇ. ئۆزىنىڭ دىنىنى دۇنيانىڭ ئازغىنە نەرسىسىگە سېتىۋېتىدۇ»(14).
بۇ ھەدىستىن مەقسەت، ئايمۇ يوق قاپقاراڭغۇ، زۇلمەتلىك كېچىگە ئوخشاش ھەقىقەتكە توسالغۇ بولىدىغان فىتنە – پاساتلار كۆپلەپ يۈز بېرىپ، ياخشى ئىشلارنى قىلىش تەس بولۇپ قېلىشتىن ئىلگىرى ياخشى ئەمەللەرگە ئالدىراشقا قىزىقتۇرۇشتۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاشۇ فىتنەلەرنىڭ ئەڭ چوڭى بولغان بىرىنى سۈپەتلەپ: «كىشىلەرنىڭ مۇئمىن ھالەتتە كەچ قىلىپ، كافىر ھالەتتە تاڭ ئاتقۇزىدىغان بولۇپ كېتىدۇ» دېگەن. دېمەك، فىتنەنىڭ يامانلىقىدىن كىشىلەر بىر كۈن ئىچىدىلا مۇشۇنداق ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان بولۇپ كېتىدۇ(15).
مانا بۇ كىشىلەرنىڭ دىنىنى بىلمىگەنلىكتىن ئىمانى ئاجىزلىشىپ دىنىدا شۈبھىلىرى كۆپىيىدىغان، شۇنىڭ بىلەن دۇنياۋىي ۋە شەخسىي مەنپەئەتلىرىنى كۆزلەپ دىنىنى تەرك ئېتىدىغان ياكى دىنىدا تەۋرىنىپ قالىدىغان بىر زاماننىڭ سۈپىتىدۇر. مانا بۇنىڭغا بىزنىڭ ھازىرقى دەۋرىمىز بەك ئۇيغۇن كېلىدۇ.
(52)
كىشىلەرنىڭ مەسجىدلەرنى بېزەيدىغان ۋە ئۇنىڭ بىلەن پەخىرلىنىدىغان بولۇپ كېتىشى
مەسجىدلەر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىنىدىغان جاي بولۇپ، كىشىلەر ئۇنى ئەجىر – ساۋاب كۆزلەپ سالىدۇ. لېكىن، ئاخىر زاماندا نۇرغۇن كىشىلەر مەسجىد سېلىپ، ناماز ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى چاچىدىغان دەرىجىدە بېزەيدىغان، ئاندىن ھەربىرى ئۆزى سالغان مەسجىدنىڭ كۆركەملىكى ۋە بېزەكلىرى بىلەن پەخىرلىنىدىغان بولۇپ كېتىدۇ، ھەتتا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىمۇ بۇ ئىشلىرىنى كۆز – كۆز قىلىدىغان بولۇپ كېتىشىمۇ مۇمكىن.
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىشىلەر مەسجىد (سېلىش ۋە بېزەش) بىلەن ئۆزئارا ماختىنىدىغان بولمىغۇچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ»(16) دېگەن.
بىرقانچىلىغان ساھابەلەر كىشىلەرنى مەسجىد ۋە ئۇنىڭ ئىمارەتلىرى بىلەن بولۇپ كېتىپ، زىكىر ۋە ئىبادەتلەرگە دەخلى يەتكۈزۈشتىن ئاگاھلاندۇرغان. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر مەسجىدلەرنى خۇددى يەھۇدىي – خىرىستىيانلار بېزىگەندەك بېزەۋاتىسىلەر»(17).
بەغەۋىي مۇنداق دەيدۇ: «يەھۇدىي ۋە خرىستىيانلار ھەق يولدىن بۇرۇلۇپ كىتابلىرىنى ئۆزگەرتكەن چاغدا ئىبادەتخانىلىرىنى بېزىگەن ئىدى»(18).
خەتتابىي مۇنداق دەيدۇ: «يەھۇدىي ۋە خرىستىيانلار كىتابلىرىنى ئۆزگەرتىپ، دىنىنى زايە قىلغان چاغدا، ئىبادەتخانا ۋە چېركاۋلىرىنى ئالاھىدە بېزەپ زىننەتلىگەنىدى»(19).
بۈگۈنكى كۈندە مەسجىدلەرنى بېزەش شەكىللىرىدىن: تاملارنى ھەر خىل رەڭلەر بىلەن نەقىشلەش، ئويما سۈرەتلەر، ھەر خىل گىلەم ۋە ھەددىدىن زىيادە ئېسىل چىراغلارنى ئېسىش قاتارلىقلار بار بولۇپ، بۇنداق زىننەتلەش شۇ دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنكى، زىننەت بۇيۇملىرى ۋە قىممەت باھالىق ئاسما چىراغلارغا كەتكەن چىقىم بىلەن يەنە بىرقانچە مەسجىد سالغىلى بولىدۇ. بۇ دېگەنلىك ھەرگىزمۇ مەسجىدلەرنى چىرايلىق سەرەمجانلاشتۇرۇشقا كۆڭۈل بۆلمەسلىك ۋەياكى مەسجىد قۇرۇلۇشلىرىنى سۈپەتسىز سېلىش دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى زىننەتلەشتىكى ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىش ۋە ئىسراپچىلىقنى چەكلەشتۇر.
ئەبۇددەردائ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مەسجىدلىرىڭلارنى (ئالتۇن – كۈمۈش بىلەن) زىننەتلەيدىغان، قۇرئانغا (ئالتۇندىن) ھەل بېرىدىغان بولۇپ كەتكەن چېغىڭلاردا ھالاكەت سىلەرگە يۈزلىنىدۇ»(20) دېگەن.
(53)
كىشىلەرنىڭ ئۆيلەرنى بېزەيدىغان ۋە زىننەتلەيدىغان بولۇپ كېتىشى
ھەشەمەتچىلىك، ئىسراپخورلۇق، ماختانچاقلىق ۋە گۇناھ ئىشلاردا ئەزۋەيلەيدىغان بولۇپ كېتىش قاتارلىقلارنىڭ كۆپىيىشى ئاخىر زاماننىڭ ئالامەتلىرىدىن بولۇپ، ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئىسراپ قىلماڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ياقتۇرمايدۇ﴾(6/«ئەنئام»: 141).
كىشىلەر ئاخىر زاماندا ئۆيلىرىگە ئاسقان، چىرايلىق كەشتىلەنگەن، قىممەت باھالىق پەردىلىرى بىلەن پەخىرلىنىدىغان بولۇپ كېتىدۇ.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىشىلەر ئۆيلىرىنى خۇددى بەقەسەم تونلىرىنى زىننەتلىگەندەك زىننەتلەپ سالىدىغان بولمىغۇچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ»(21) دېگەن.
بۇ ھەدىستىن مەقسەت شۇكى، كىشىلەر ئۆيلىرىنى ياساشتا ۋە بېزەشتە خۇددى كىيىملەرنى چىرايلىق قىلىپ لايىھەلىگەندەك لايىھەلەيدۇ. بۇ دېگەنلىك پەردە ئېسىش ۋە ئۆي بېزەش چەكلەنگەن دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى بېزەشتىكى ئىسراپچىلىق، پۇل – ماللارنى ئورۇنسىز بۇزۇپ – چېچىش، ھاكاۋۇرلۇق ۋە ئۆزىدىن پەخىرلىنىش قاتارلىق ناچار ئىللەتلەر چەكلەنگەن دېگەنلىكتۇر.
(54)
چاقماق چېقىشنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى
چاقماق چېقىش كۆپىيىپ، چاقماق سوقۇپ ئۆلىدىغان كىشىلەرنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىمۇ قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر.
ئەبۇ سەئىد خۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «قىيامەت يېقىنلاشقاندا چاقماق چېقىش كۆپىيىپ، شۇنداق بىر ھالەتكە يېتىدۇكى، كىشى بىر قەۋمنىڭ يېنىغا ئەتىگەندە بېرىپ:
— بۈگۈن سىلەردىن كىملەرنى چاقماق سوقۇپ ئۆلتۈردى؟ — دەپ سورىسا، ئۇلار:
— پالان، پالان، پالانچىلارنى ئۆلتۈردى، — دەيدىغان بولۇپ كېتىدۇ»(22).
چاقماق بولسا ئاسماندىكى ئېلېكترونلۇق زەررىچىلەرنىڭ ئۆزئارا زەرەتلىنىشىدىن ھاسىل بولغان كۈچلۈك نۇردۇر.
ئاللاھ تائالا سەمۇد قەۋمىنى گۈلدۈرمامىلىق چاقماق بىلەن ھالاك قىلدى، ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿سەمۇدقا بولسا توغرا يولنى كۆرسەتتۇق، ئۇلار ھىدايەتتىن كورلۇق (يەنى گۇمراھلىق)نى ئارتۇق بىلدى، قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ئۇلارنى خار قىلغۇچى چاقماق ئازابى ھالاك قىلدى﴾(41/«فۇسسىلەت»: 17). ﴿ئەگەر ئۇلار (بۇ بايانلاردىن كېيىن ئىماندىن) يۈز ئۆرۈسە (سەن ئۇلارغا): «سىلەرنى ئاد ۋە سەمۇد قەۋملىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئازابقا ئوخشاش ئازابتىن ئاگاھلاندۇرىمەن» دېگىن﴾(41/«فۇسسىلەت»: 13).
بۇ گۈلدۈرمامىلىق چاقماقنىڭ كۈچلۈكلۈكىدىن ئاللاھ تائالا ئۇنى ئادەتتىن تاشقىرى قاتتىق ئاۋاز دەپ ئاتىدى، ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿سەمۇد بولسا ئادەتتىن تاشقىرى قاتتىق ئاۋاز بىلەن ھالاك قىلىندى﴾(69/«ھاققە»: 5).
(55)
يېزىقچىلىقنىڭ كۆپىيىپ، ئومۇملىشىپ كېتىشى
ئىلگىرى يېزىقچىلىق ئىشلىرى تەرەققى قىلمىغان، كىتابلار كەڭ تارقالمىغان، شۇنداقلا كىشىلەر ئارىسىدا ئومۇملاشمىغان ئىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «قەلەم ۋە كىتابلارنىڭ كەڭ تارقىلىپ يېزىقچىلىقنىڭ ئومۇملىشىپ كېتىشى قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىن» دەپ خەبەر بەرگەن.
ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «قىيامەتنىڭ ئالدىدا مۇنۇلار يۈز بېرىدۇ: تونۇش كىشىلەرگىلا سالام قىلىنىدىغان بولىدۇ، تىجارەت كەڭ تارقىلىپ ئايال كىشى تىجارەتتە ئېرىگە ياردەملىشىدىغان بولىدۇ، سىلە – رەھىم ئۈزۈلۈپ كېتىدۇ، يالغان گۇۋاھلىق بېرىلىدىغان، راست گۇۋاھلىق بېرىلمەيدىغان بولىدۇ ۋە قەلەم ئىشلىتىش (ساۋاتلىق بولۇش) ئومۇملىشىپ كېتىدۇ»(23).
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۆزىدىكى «قەلەم ئىشلىتىش ئومۇملىشىپ كېتىدۇ» دېگەن سۆز «يېزىقچىلىقنىڭ تەرەققىي قىلىپ، كىتابلارنىڭ كۆپلەپ بېسىلىپ كەڭ تارقىلىدىغان بولۇپ كېتىشى» دېگەن مەنىدە بولسا كېرەك. ھازىرقى زامان مەتبەچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى، كۆپەيتىش تېخنىكىسىنىڭ كەڭ تارقىلىشى ۋە نەشر قىلىشنىڭ ئوڭايلىقىدىن كىشىلەر ھازىر كىتابلارغا ئاسانلا ئېرىشەلەيدۇ، ئەمما شۇنداق بولسىمۇ كىشىلەر ئارىسىدا ئۆز دىنىنى ۋە شەرىئىتىنى بىلمەسلىك ئادەتتىكى ئىشقا ئايلانغان.
بۇ ھەدىسنى ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان مۇنۇ ھەدىس كۈچلەندۈرىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مۇنۇ ئىشلار قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر: ئىلىمنىڭ كۆتۈرۈلۈپ كېتىپ نادانلىق ۋە جاھىللىقنىڭ ئەۋج ئېلىپ كېتىشى، زىنا ئاشكارا قىلىنىدىغان، ھاراق – شارابلار (ئاشكارا) ئىچىلىدىغان، ئەرلەر ئازلاپ، ئاياللار كۆپىيىپ كېتىپ، ھەتتا 50 ئايالنىڭ تۇرمۇشىغا بىر ئەر كىشى ئىگە بولىدىغان بولۇپ كېتىشى»(24).
كىشىلەرنىڭ دىنىي ئىشلارنى بىلىش ئەھۋالى ھەققىدە ئويلانغان ھەربىر كىشى ئۈچۈن بۇ ئالامەت ناھايىتى ئوچۇقتۇر.
(56)
كىشىلەرنىڭ تىللىرى ئارقىلىق پۇل تاپىدىغان ۋە گەپ سۆزلىرى بىلەن پەخىرلىنىدىغان بولۇپ كېتىشى
بىر كىشىنىڭ قانۇنلۇق يول بىلەن پۇل تېپىشى ئەيىب ئەمەس، شۇنىڭدەك ئوقۇتقۇچى، ئادۋۇكات قاتارلىقلارنىڭ نۇتۇق، لېكسىيە سۆزلەش، ئادۋۇكاتلىق قىلىش ئارقىلىق پۇل تېپىشى قانۇنلۇق يوللاردىندۇر. لېكىن، بۇ يەردە ئەيىبلىنىدىغىنى بىر كىشىنىڭ باشقىلارنى يالغاندىن ماختاش، مەدھىيەلەش، سودا – سېتىقتا يالغان قەسەم قىلىش ۋەياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ساختىلىق بىلەن پۇل تېپىشىدۇر.
ئۆمەر ئىبنى سەئد ئىبنى ئەبۇ ۋەققاسنىڭ دادىسىغا بىر ھاجىتى چۈشكەندە، ھاجىتىنى شۇ چاغدىكى بەزى كىشىلەر قىلغىنىدەك بالاغەتلىك ۋە پاساھەتلىك گەپ سۆزلەر، ماختاش، مەدھىيەلەشلەر بىلەن سورىدى. سەئد ئىلگىرى ئوغلىدىن بۇنداق سۆزلەرنى ئاڭلاپ باقمىغان ئىدى. ئوغلىنىڭ گېپى تۈگىگەندە، سەئد:
— ھەي ئوغلۇم! گېپىڭ تۈگىدىمۇ؟— دېدى، ئۆمەر:
— شۇنداق، — دېدى. سەئد:
— سەن بۇنداق سۆزلەرنى سۆزلىمەي تۇرۇپمۇ تەلەپ قىلغان نەرسەڭگە ئېرىشەلەيتتىڭ، (چۈنكى) مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «شۇنداق بىر كىشىلەر مەيدانغا كېلىدۇكى، ئۇلار خۇددى كالا زېمىندىن ئوتلاپ جېنىنى باققاندەك، جانلىرىنى تىللىرى بىلەن باقىدۇ»(25) دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم، — دېدى.
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «تۆۋەندىكى ئىشلار قىيامەتنىڭ يېقىنلاشقانلىقىنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر: ناچار كىشىلەر ئۈستۈن كۆتۈرۈلۈپ، ياخشىلار تۆۋەن كۆرۈلىدىغان بولۇپ كېتىشى، كىشىلەر گەپدان بولۇپ كېتىپ، ئەمەللىرى ناچارلىشىپ كېتىشى، كىشىلەر ئارىسىدا ئاللاھنىڭ كىتابىدىن باشقا يېزىلغان نەرسىلەر كەڭ تارقىلىدىغان بولۇپ كېتىشى»(26).
(57)
قۇرئاندىن باشقا كىتابلارنىڭ كەڭرى تارقىلىشى
قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىن بىرى شۇكى، كىشىلەر كىتابلارغا ناھايىتى قىزىقىدىغان، كىتابلار كۆپلەپ بېسىلىدىغان ۋە سېتىلىدىغان، بۇ كىتابلار كىتابخانىلارغا ئاللاھنىڭ كىتابى بولغان قۇرئاندىنمۇ كۆپرەك سېلىنىدىغان بولۇپ كېتىدۇ. بۇنىڭغا ئىلگىرىكى ھەدىس دەلىل بولۇپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مۇنۇ ئىشلار قىيامەت يېقىنلاشقانلىقىنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر: …كىشىلەر ئارىسىدا ئاللاھنىڭ كىتابىدىن باشقا كىتابلارنىڭ كەڭرى تارقىلىشى»(27).
(58)
قارىيلار كۆپىيىپ، دىنىي ئۆلىمالارنىڭ ئازلاپ كېتىشى
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قارىيلارنىڭ كۆپىيىپ، دىنىي ئۆلىمالارنىڭ ئازلاپ كېتىشىنىڭ قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىن ئىكەنلىكىنى خەبەر بەرگەن.
مەسىلەن، ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «شۇنداق بىر زامانلار كېلىدۇكى، قارىيلار كۆپىيىپ، دىنىي ئۆلىمالار ئازلاپ، ئىلىم كۆتۈرۈلۈپ، ئۆزئارا قىرغىنچىلق كۆپىيىپ كېتىدۇ. ئاندىن شۇنداق بىر ۋاقىتلار كېلىدۇكى، كىشىلەر قۇرئان ئوقۇيدۇ – يۇ، لېكىن ئوقۇغان قۇرئانى ئۇلارنىڭ كېكىرتىكىدىن ئۆتمەيدىغان بولۇپ كېتىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن يەنە شۇنداق بىر زامانلار كېلىدۇكى، كافىر، مۇشرىك، مۇناپىقلار مۇئمىنلەر بىلەن خۇددى مۇئمىن ئۇلار دېگەن سۆزلەرنىڭ ئوخشىشىنى كەلتۈرۈپ تۇرۇپ جېدەللىشىدىغان بولۇپ كېتىدۇ»(28).
ئىلىم ئالىملارنىڭ ۋاپات بولۇپ كېتىشى بىلەن كۆتۈرۈلۈپ كەتسە ئەھۋال تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىدۇ. كىشىلەر ئالىملار قالمىسا نادانلارنى ئۆزلىرىگە باش قىلىۋالىدۇ، ئۇ نادانلاردىن سوئال سورالغاندا ئىلىمسىز جاۋاب بېرىپ، ئۆزلىرىمۇ ئازىدۇ، باشقىلارنىمۇ ئازدۇرىدۇ.
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا ئىلىمنى كىشىلەردىن يۇلۇپ ئالغاندەك ئالمايدۇ، بەلكى ئالىملارنى قەبزى روھ قىلىش ئارقىلىق ئېلىپ كېتىدۇ، ھەتتا ئاللاھ تائالا بىرەر ئالىمنىمۇ قويمىغاندا كىشىلەر ئۆزلىرىگە نادانلارنى باش قىلىۋالىدۇ، ئۇلاردىن سورالسا، بىلمەي تۇرۇپ پەتۋا بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۆزىمۇ ئازىدۇ ۋە باشقىلارنىمۇ ئازدۇرىدۇ»(29).
ئالدىنقى ھەدىستە كەلگەن «ئىلىمنىڭ كۆتۈرۈلۈپ كېتىشى» دېگەن سۆزدىن مەقسەت ئىلىمنىڭ شۇ ئىلىم ئەھلىنىڭ قەلبلىرىدىن ئۆچۈرۈلۈپ كېتىشى ئەمەس، بەلكى «ئۇلارنىڭ ۋاپات بولۇپ، كىشىلەرنىڭ نادان كىشىلەرنى ئۆزلىرىگە باش قىلىۋېلىشى، شۇنىڭ بىلەن بۇ نادان كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ بىلىمسىزلىكىگە قارىماي بىلمەي تۇرۇپ ھۆكۈم قىلىپ، ئۆزلىرىمۇ ئېزىپ، باشقىلارنىمۇ ئازدۇرۇشى» دېگەنلىكتۇر. ئۆتكەن ئون يىلنىڭ ئىچىدە(30) كىشىلەرگە ئىلىم تارقىتىشتا چوڭ رول ئوينىغان ئۆلىمالاردىن بىرقانچىسىنىڭ ۋاپات بولۇشى بۇ ئۈممەتكە چوڭ يوقىتىش بولدى. مەسىلەن، سەئۇدىي ئەرەبىستان كاتتا ئۆلىمالار ھەيئىتىنىڭ رەئىسى شەيخ، ئىمام ئابدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز (ھ. 1420 / م. 1999)، ئەللامە شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەلئۇسەيمىن (ھ. 1421 / م. 2000)، ھەدىسشۇناس ئالىم شەيخ مۇھەممەد ناسىرۇددىن ئالبانىي (ھ. 1420 / م. 1999) ۋە بۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن داڭلىق ئۆلىمالار ۋاپات بولدى. ھەممىسگە ئاللاھنىڭ رەھمىتى بولسۇن.
كىمىكى بۇ ئۈممەتنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا قارىسا، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قۇرئاننى چىرايلىق ئوقۇشتا بەسلىشىپ، شەرئىي ئىلىملەرنى ئۆگىنىشتىن، شەرىئەت ئەھكاملىرىنى چۈشىنىشتىن غەپلەتتە قېلىۋاتقانلىقىنى بايقايدۇ. مۇبادا، سەن ئۇلارنىڭ بىرەرسىدىن تاھارەت ياكى سەھۋەنلىك سەجدىسى توغرۇلۇق سورىساڭ، ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتە ھېچنېمىنى بىلمەيدىغانلىقىنى بايقايسەن.
(59)
ئىلىمدە يېتىلمىگەن كىشىلەردىن ئىلىم ئۆگىنىلىدىغان بولۇپ كېتىشى
كىشىلەر پەيغەمبىرىمىزنىڭ زامانىدىن تارتىپ كاتتا دىنىي ئالىملاردىن ئىلىم ئۆگىنىپ كېلىۋاتىدۇ. شۇنداق بىر زامان كېلىدۇكى، ئۇ زاماندا چۈشەنچىسى تېيىز، دىنىي ئىلىمدە يېتىلمىگەن كىشىلەر باش بولىدىغان، ئۇلاردىن پەتۋا سورىلىدىغان ۋە پەتۋا بېرىدىغان بولۇپ كېتىدۇ.
ئالدىنقى تېمىدا كەلگەن ھەدىستە: «قارىيلار كۆپىيىپ، دىنىي ئالىملار ئازلاپ كېتىدىغان، ھەتتاكى بىلىمسىز تۇرۇپ كىشىلەرگە پەتۋا بېرىدىغان، شۇ ئارقىلىق ئۆزىمۇ ئېزىپ، باشقىلارنىمۇ ئازدۇرىدىغان، ئىلىمدە يېتىلمىگەن بىلىمسىز كىشىلەردىن ئىلىم ئۆگىنىلىدىغان بولۇپ كېتىشى قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر» دەپ كەلگەن.
ئەبۇ ئۇمەييە ئەلجۇمەھىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئىلىمدە يېتىلمىگەن كىشىلەردىن ئىلىم ئۆگىنىلىدىغان بولۇپ كېتىش قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر»(31) دېگەن.
ئىمام ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەكتىن «ئىلمىدە يېتىلمىگەن كىشىلەر» توغرىسىدا سورالغاندا، ئۇ: «ئۇلار ئۆز خاھىشى بويىچە سۆزلەيدىغان كىشىلەردۇر» دەپ جاۋاب بەرگەن.
ئىلىمدە يېتىلمىگەن كىشىلەر دېگەندىن ئىلىملىرى پۇختا بولمىغان، پەتۋانى ئوبدان بېرەلمەيدىغان، شەرئىي دەلىللەرنى دەلىل قىلىپ كەلتۈرەلمەيدىغان كىشىلەر مەقسەت قىلىنىدۇ. بەزىلەر: «ئۇلاردىن بىدئەت ئەھلى كۆزدە تۇتۇلىدۇ» دېگەن.
ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئىلىم كىشىلەرگە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابەلىرى، شۇنداقلا بۇ ئۈممەتنىڭ ئىلىمدە ۋايىغا يەتكەن ئۆلىمالىرى ئارقىلىق يەتسىلا، ياخشىلىق ئۈستىدە بولىدۇ. ئەگەر ئىلىم ئۇلارغا ئىلىمدە يېتىلمىگەن كىشىلىرى ئارقىلىق يېتىپ، نىيەت مەقسەتلىرى بۆلۈنۈپ كەتسە، ئۇلار ھالاك بولىدۇ»(32).
ئاللاھقا شۈكرى، زامانىمىزدا ئىلىم ۋە ئىلىم ئەھلى ياخشىلىق ئۈستىدە تۇرماقتا.
ئەگەر بىرەر كىشى ئەستايىدىل ئويلىنىپ كۆرىدىغان بولسا، تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئىسلامنىڭ ئومۇمىي مەسىلىلىرىنى يۈزەكى بىلگەن، بىر بۆلۈك مەشھۇر مەسىلىلەرنى چۈشەنگەن، ھەدىس، فىقھى ئىلىملىرىنى پۇختا ئىگىلىمىگەن، ئىلىمدە تاكامۇللاشمىغان، ئەمما كىشىلەر ئارىسىدا تونۇلۇپ قالغان، ئىلىم ئۆگىنىۋاتقان بىر قىسىم كىشىلەرنى ماختاپ تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇ ۋەجدىن كىشىلەرنىڭ پەتۋا سوراش، ئىلىم تەلەپ قىلىش ئۈچۈن ئۇلارغا يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى بايقايدۇ.
ئەگەر ئىلىمدە ۋايىغا يەتكەن ئۆلىمالار رادىئو – تېلېۋىزىيە ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق كىشىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكەن بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە كىشىلەر ئۇلارنى تونۇپ ھەم پەتۋا سوراپ ئۇلارغا يۈزلەنگەن بولاتتى.
«ئىلىمدە يېتىلمىگەن كىشىلەر»دىن ياشتا كىچىكلەر دېگەن مەنە چۈشىنىلمەيدۇ. چۈنكى، ياشنىڭ چوڭ بولۇشى ئىلىملىك ئىكەنلىكنىڭ بەلگىسى بولمىغاندەك، ياشنىڭ كىچىك بولۇشمۇ ئىلىمسىز ئىكەنلىكنىڭ بەلگىسى ئەمەس.
ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل(33) رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى: «ئىلىم ياشتا ئەمەس»(34) دېگەن.
ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ: «ئىلىم ياشنىڭ چوڭ – كىچىكلىكىگە باغلىق ئەمەس، لېكىن ئاللاھ – تائالا ئىلىمنى ئۆزى خاھلىغان كىشىگە بېرىدۇ»(35) دېگەن.
شۇڭا، باشقىلارغا يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئىلىمنى پۇختا ئىگەللەپ، چۈشىنىپ، ئىلىمدە ۋايىغا يەتكەن ئۆلىمالار بىلەن ئالاقە باغلاپ ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇشقا ھەرىكەت قىلىشى لازىم.
(60)
تۇيۇقسىز ئۆلۈملەرنىڭ كۆپ يۈز بېرىدىغان بولۇپ قېلىشى
بىزنىڭ دەۋرىمىزدە ئاشكارا بولغان قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىنىڭ بىرى بولسا تۇيۇقسىز ئۆلۈملەرنىڭ كۆپ يۈز بېرىدىغان بولۇپ قېلىشىدۇر. تۇيۇقسىز ئۆلۈم بولسا يۈرەك توختاپ قېلىش، قان – تومۇر توسۇلۇپ قېلىش، قاتناش ۋەقەسى، ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ھادىسلىرى سەۋەپلىك تۇيۇقسىز يۈز بېرىۋاتقان ئۆلۈملەرنى كۆرسىتىدۇ.
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «تۇيۇقسىز ئۆلۈملەرنىڭ كۆپ يۈز بېرىدىغان بولۇپ قېلىشى قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر»(36) دېگەن.
ئىلگىرى كىشىلەر مەلۇم كېسەل سەۋەبىدىن بىر مەزگىل يېتىپ قالسا، ئۆزىدىكى ئۆلۈم بېشارەتلىرىنى ھېس قىلالايتتى. گاھىدا مۇشۇ كېسەل بىلەن كېتىدىغانلىقىنى بىلىپ، ۋەسىيەتلىرىنى يېزىپ قالدۇرۇپ، ئائىلە ئىچىدىكىلەر، ئۇرۇق – تۇغقانلار بىلەن خوشلىشىپ بالىلىرىغا ۋەسىيەت قىلىۋالاتتى. رەببىگە يۈزلىنىپ گۇناھلىرىغا تەۋبە قىلىش بىلەن بىرگە ئەڭ ئاخىرقى سۆزىنىڭ كەلىمە شاھادەت بولۇشى ئۈچۈن كەلىمە شاھادەتنى تەكرارلاشنى باشلايتتى. ئەمما، ھازىر كىشىلەرنى ساق – سالامەت، ھېچقانداق كېسەلدىن شىكايەت قىلمىغان بېجىرىم ھالەتتە كۆرىمىز، لېكىن تۇيۇقسىزلا ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن دۇنيادىن كەتكەنلىكىنى ئاڭلايمىز. بۇنداق بولغانىكەن، ھەرقانداق ئاقىل ئادەم ھوشيار بولۇشى، ئۆلۈمگە، ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشقا تەييار تۇرۇشى لازىم.
پۇرسەت بىلگىن ھاياتنى
قىلىۋالغىن ئىبادەت
ساڭا ئۆلۈم تەيياردۇر
كېلىپ قالار ھەر سائەت
قانچىلىغان زەبەردەس
كېسەل بولماس يىگىتلەر
ئىچىپ ئەجەل شارابىن
كېتىپ قالدى بىتاقەت
(61)
دۆت كىشىلەرنىڭ ھۆكۈمدار بولىدىغان بولۇپ كېتىشى
ئاۋام – پۇقرالارنىڭ ياخشى بولۇشى ھۆكۈمدارلارنىڭ ياخشى بولۇشىغا باغلىق. ئۇلارنىڭ بۇزۇلۇشىمۇ ھۆكۈمدارلارنىڭ بۇزۇلۇشىغا باغلىقتۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كىتاب ۋە سۈننەتكە ئەگەشمەيدىغان، ۋەز – نەسىھەت قوبۇل قىلمايدىغان دۆت كىشىلەرگە ئىشلار تاپشۇرۇلىدىغان بولۇپ كېتىشنىڭ قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىن ئىكەنلىكىنى خەبەر بەرگەن ئىدى.
جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كەئب ئىبنى ئۇجرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا:
— ئى كەئب! ئاللاھ تائالا سېنى دۆت كىشىلەرنىڭ ھۆكۈمدار بولىدىغان بولۇپ كېتىشىدىن ساقلىسۇن، — دېدى. كەئب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ:
— ئى رەسۇلۇللاھ! دۆت كىشىلەر دېگەن كىملەر؟ — دەپ سورىۋىدى. رەسۇلۇللاھ مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى:
— مەندىن كېيىن مېنىڭ كۆرسەتمىلىرىمگە ئەگەشمەيدىغان، سۈننىتىمگە ئەمەل قىلمايدىغان ھۆكۈمدارلار مەيدانغا كېلىدۇ. كىمكى ئۇلارنىڭ يالغانچىلىقلىرىنى تەستىقلىسا، ئۇلارنىڭ زۇلۇملىرىغا ياردەملەشسە، ئەنە شۇلار مەندىن ئەمەس، مەنمۇ ئۇلاردىن ئەمەس. ئۇلار قىيامەت كۈنى مېنىڭ ھەۋزى كەۋسەر كۆلۈمنىڭ بويىغا كېلەلمەيدۇ. ئەمما، كىمكى ئۇلارنىڭ يالغانچىلىقلىرىنى تەستىقلىمىسا، ئۇلارنىڭ زۇلۇملىرىغا ياردەملەشمىسە، ئەنە شۇلار مەندىن، مەنمۇ ئۇلاردىن. ئۇلار مېنىڭ ھەۋزى كەۋسەر كۆلۈمنىڭ بويىغا كېلەلەيدۇ. ئى كەئب! روزا قالقاندۇر. سەدىقە خاتالىقلارنى ئۆچۈرگۈچىدۇر. ناماز ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرغۇچىدۇر ياكى ھۆججەتتۇر. ئى كەئب! ھارام بىلەن (ئوزۇقلىنىش نەتىجىسىدە) ئۆسكەن بەدەن جەننەتكە مەڭگۈ كىرەلمەيدۇ. ئۇ جەھەننەمگە بەك لايىقتۇر. ئى كەئب! كىشىلەر ئەتىگەندە چىقىپ، ئۆزىنى سېتىپ يا ئۆزىنى ئازاد قىلىدۇ، يا ئۆزىنى ھالاك قىلىدۇ»(37).
يەنە بىر ھەدىستە: «ھەر بىر قەبىلىگە ئۇ قەبىلىنىڭ مۇناپىقلىرى باش بولمىغۇچە، قىيامەت قايىم بولمايدۇ»(38) دەپ كەلگەن.
مۇناپىقلار بولسا ئىمانى سۇس، ئاللاھتىن قورقمايدىغان، گۇناھ – مەئسىيەتكە پاتقان، ئىنتايىن بىلىمسىز ئادەملەردۇر.
كىشىلەرنىڭ پادىشاھ، ھۆكۈمدارلىرى مۇشۇ ھالدا بولۇپ قالسا، ئىشلار قالايمىقانلىشىپ، يالغانچى ئادەم راستچىل، راستچىل ئادەم يالغانچى، خىيانەتكار ئادەم ئىشەنچلىك، ئىشەنچلىك ئادەم خىيانەتكار دەپ قارىلىدىغان، بىلىمسىز ئادەم سۆزلەپ، بىلىملىك ئادەم جىم تۇرىدىغان بولۇپ قالىدۇ.
شەئبىي مۇنداق دېگەن: «بىلىملىك ئادەملەر نادان، نادان ئادەملەر بىلىملىك دەپ قارالماي تۇرۇپ قىيامەت قايىم بولمايدۇ»(39).
بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاخىر زاماندا ئىشلار ۋە ھەقىقەتلەر ئاستىن – ئۈستۈن بولىدىغانلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ياخشىلارنىڭ تۆۋەن كۆرۈلۈپ، ئەسكىلەرنىڭ ھۆرمەتلىنىدىغان بولۇپ كېتىشى قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر»(40) دېگەن.
(62)
ۋاقىتنىڭ قىسقىراپ كېتىشى
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋاقىتنىڭ قىسقىراپ كېتىشىنىڭ قىيامەتنىڭ يېقىنلاشقانلىقىنىڭ ئالامىتى ئىكەنلىكى توغرىسىدا خەبەر بەرگەن.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «(ئاخىر زاماندا) ۋاقىت قىسقىراپ كېتىدۇ (يەنى تېز ئۆتۈپ كېتىدۇ)، ئەمەل قىلىش([41]) ئازلاپ كېتىدۇ، بېخىللىق (كىشىلەر قەلبىگە) تاشلىنىدۇ، فىتنەلەر كەڭ تارقىلىدۇ ۋە ئۆلتۈرۈش كۆپىيىپ كېتىدۇ»(42).
ئۆلىمالار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «ۋاقىت قىسقىراپ كېتىدۇ» دېگەن سۆزىگە تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە خىل چۈشەنچە بەرگەن:
1. «ۋاقىت قىسقىراپ كېتىدۇ» دېگەن سۆزدىن ئىلگىرىكى كىشىلەر بىرەر سائەتتە قىلىپ تۈگىتىدىغان ئىشلارنى كېيىنكىلەرنىڭ بىر نەچچە سائەتتىمۇ قىلىپ بولالمايدىغان دەرىجىدە ۋاقىتنىڭ بەرىكىتىنىڭ كېمىيىپ كېتىدىغان بولۇپ كېتىشى مەقسەت قىلىنغان؛
ئىمام ئىبنى ھەجەر مۇنداق دېگەن: «مۇشۇ ئەھۋال بىزنىڭ زامانىمىزدا يۈز بەردى، چۈنكى ئىلگىرىكىلەر ھېس قىلمىغان ۋاقىتنىڭ تېز ئۆتۈشىدىن ئىبارەت ھادىسىنى بىز ھېس قىلىۋاتىمىز»(43).
2. يىراقنى يېقىن قىلىدىغان ئۇچۇر – ئالاقە ۋاسىتىلىرى، قۇرۇقلۇق، ھاۋا قاتنىشىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ يېقىن بولۇپ كېتىشى مەقسەت قىلىنغان؛
3. زامان ئاخىرىدا ۋاقىتنىڭ ھەقىقەتەنمۇ تېز ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقى مەقسەت قىلىنغان؛ چۈنكى، ئاللاھ تائالا خاھلىسا كۈنلەرنى ئۇزۇن قىلىدۇ، خاھلىسا قىسقا قىلىدۇ. خاھلىسا كېچىنى كۈندۈزگە، كۈندۈزنى كېچىگە ئالماشتۇرىدۇ. بۇ قارىشىمىزنى ئۇزۇنلۇقى بىر كۈنى بىر يىلدەك، يەنە بىر كۈنى بىر ئايدەك، يەنە بىر كۈنى بىر ھەپتىدەك بولىدىغان، دەججال چىقىدىغان كۈنلەر كۈچلەندۈرىدۇ. كۈنلەر قىسقارغانغا ئوخشاش ئۇزىرايدۇ. بۇ ئەھۋال تېخى يۈز بەرمىدى. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ۋاقىت قىسقىراپ (بەرىكەت كۆتۈرۈلۈپ)، ھەتتا بىر يىل بىر ئايدەك، بىر ئاي بىر ھەپتىدەك، بىر ھەپتە بىر كۈندەك، بىر كۈن بىر سائەتتەك، بىر سائەت ئوت تۇتاشتۇرغۇچىلىك ۋاقىتتەك بولۇپ كەتمىگۈچە قىيامەت بولمايدۇ»(44).
4. ئۆمۈرنىڭ قىسقىراپ كېتىشى مەقسەت قىلىنغان.
(63)
ئەرزىمەس، نادان ئادەملەرنىڭ كىشىلەرگە ۋاكالىتەن سۆز قىلىدىغان بولۇپ كېتىشى
ئەسلىدە كىشىلەرگە ۋاكالىتەن سۆز قىلىدىغان كىشى ئەقىل پاراسەتلىك، سۆزمەن بولۇشى كېرەك. كىشىلەرگە شۇنداق بىر زامان كېلىدۇكى، ئۇ ۋاقىتتا كىشىلەر بۇزۇلۇپ، ئەرزىمەس، نادان ئادەملەر كىشىلەرگە ۋاكالىتەن سۆز قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— دەججالدىن بۇرۇن كىشىلەرگە شۇنداق ئالدامچى يىللار كېلىدۇكى، راستچىل كىشىلەر يالغانچىغا، يالغانچى كىشىلەر راستچىلغا چىقىرىلىدۇ. خىيانەتكار كىشىلەر ئىشەنچلىك كىشىلەرگە، ئىشەنچلىك كىشىلەر خىيانەتكار كىشىلەرگە چىقىرىلىدۇ. رۇۋەيبىزەلەر (كىشىلەرگە ۋاكالىتەن) سۆز قىلىدىغان بولۇپ كېتىدۇ، — دېدى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھتىن:
— رۇۋەيبىزەلەر دېگەن كىم؟ — دەپ سورىلىۋىدى، رەسۇلۇللاھ:
— ئاۋامنىڭ ئىشى توغرىسىدا سۆزلەيدىغان ئەرزىمەس، نادان ئادەملەردۇر، — دەپ جاۋاب بەردى»(45).
ئەرزىمەس، نادان كىشىلەرنىڭ ياخشى كىشىلەردىن بەكرەك ھۆرمەتلىنىپ، كىشىلەرنىڭ ئىشىنىڭ شۇلارنىڭ قولىدا بولۇپ قېلىشى بۇ زاماندا يۈز بەرگەن قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر. مانا بۇ بىزنىڭ زامانىمىزدا ئەڭ كۆپ يۈز بېرىۋاتقان رېئاللىقتۇر. ئەسلىدە ئىلىملىك، ئەقىللىق، تەجرىبىلىك كىشىلەر ئاۋام خەلقنىڭ ئىشلىرى ۋە سىياسەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىشتا باشقىلارنىڭ ئالدىدا بولۇشى كېرەك ئىدى.
كىشىلەرنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئويلىنىپ كۆرگەن ئادەم بۈگۈنكى كۈندە كىشىلەرنىڭ ئۆز دىنىنىڭ زىيىنىغا بولسىمۇ، ھاۋايى – ھەۋەسلىرى ۋە مەنپەئەتلىرىنى روياپقا چىقىرىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن نادان كىشىلەرنى ئۆزلىرىگە باش قىلىۋالغانلىقىنى بايقايدۇ.
(64)
تېگى پەس، ئۆزىمۇ پەس ئادەملەرنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك كىشىلەر سانىلىپ قېلىشى
يالغانچىلار راستچىل، راستچىللار يالغانچى، خىيانەتكارلار ئىشەنچلىك، ئىشەنچلىك كىشىلەر خىيانەتكار دەپ قارىلىدىغان، كىشىلەرنىڭ ئىشىغا نادان كىشىلەر ئىگە بولىدىغان، ئىشلار شۇ ئىشلارنىڭ ئەھلى بولمىغان ئادەملەرگە تاپشۇرۇلىدىغان زامانلارنىڭ كېلىشى قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر.
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «تېگى پەس، ئۆزىمۇ پەس ئادەملەر دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك ئادەملەر بولمىغۇچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ»(46) دېگەن.
ۋە يەنە: «دۇنيا تېگى پەس، ئۆزىمۇ پەس ئادەملەرنىڭ قولىغا ئۆتمىگۈچە زامان ئاخىر بولمايدۇ»(47) دېگەن.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابەلىرىدىن بىرى: «پات يېقىندا تېگى پەس، ئۆزىمۇ پەس بولغان ئادەملەر دۇنياغا غوجا بولىدۇ»(48) دېگەن.
«تېگى پەس، ئۆزىمۇ پەس بولغان ئادەملەر» دېگەنلىك ماختىلىدىغان ھېچقانداق ئەخلاق پەزىلىتى يوق ناچار ئادەملەرنى كۆرسىتىدۇ. ئەرەبلەردە بولسا ناچار، يامان قۇلنى كۆرسىتىدۇ. «پەس» دېگەن سۆز «ھاماقەت، بىلىمسىز» دېگەن مەنىدىمۇ ئىشلىتىلىگەن.
مۇشۇنداق پەس ئادەملەر پۇل – پۈچەك، شان – شەرەپ، ئېسىل ئۇلاغ (قاتناش ۋاسىتىسى)، كەڭرى ئۆي – زېمىن قاتارلىق مال – دۇنيالار بىلەن ئەڭ بەختلىك كىشىلەرگە ئايلىنىدۇ. چۈنكى، ناچار بولغاچقا ئۇلار ۋاسىتە تاللاپ ئولتۇرماستىن بايلىق توپلايدۇ، (شەرىئەتكە پەرۋا قىلماستىن) كىشىلەرنىڭ خاھىشى بويىچە ئىش قىلىپ، مال – دۇنياغا ئېرىشىدۇ.
(65)
مەسجىدلەرنىڭ ئۆتەر يولغا ئايلىنىپ قېلىشى
مەسجىدلەرنىڭ ئۆتەر يولغا ئايلىنىپ قېلىشى — «كىشىلەرنىڭ مەسجىدلەرنى ئىبادەت ۋە ناماز ئوقۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى باشقا تەرەپلەرگە ئۆتىدىغان جاي قىلىۋېلىشى، شۇ ئارقىلىق مەسجىدلەرنىڭ ناماز ئوقۇيدىغان جاي بولۇشتىن بەكرەك كىشىلەرنىڭ ئۆتىدىغان يولى بولۇپ قېلىشى» دېگەنلىكنى كۆرسىتىدۇ.
(66)، (67)
مېھر ھەققىنىڭ ۋە ئاتلارنىڭ قىممەتلىشىپ كەتكەندىن كېيىن ئەرزان بولۇپ كېتىشى
خارىجە ئىبنى سەلت رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بىز ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن بىرگە ئۇنىڭ ئۆيىدىن چىقتۇق، ئىمام ناماز ئوقۇۋاتقانىكەن، بىزمۇ ناماز ئوقۇماقچى بولۇپ، كېلىپ سەپكە تىزىلدۇق. كېيىن بىر ئادەم ئۆتتى. ئۇ ئادەم:
— ئەسسالامۇ ئەلەيكە (سالام ساڭا)، ئى ئەبۇ ئابدۇرراھمان! — دەپ ئابدۇللاھقا سالام بەردى. ئابدۇللاھ:
— ئاللاھ بۈيۈكتۇر! ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى راست ئېيتتى، — دېدى. بىز نامازنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن:
— ئى ئەبۇ ئابدۇرراھمان! ئۇ ئادەمنىڭ سالىمى سېنى بىئارام قىلىپ قويغاندەك تۇرىدىغۇ؟ — دېدۇق. ئابدۇللاھ:
— شۇنداق، — دەپ بولۇپ:
— مەسجىدلەرنىڭ ئۆتەر يول بولۇپ قېلىشى، كىشىلەرنىڭ تونۇشلىرىغىلا سالام بېرىدىغان، ئەر – ئاياللارنىڭ بىرلىكتە سودا – سېتىق قىلىدىغان بولۇپ كېتىشى، ئاياللارنىڭ مېھر ھەققىنىڭ ۋە ئاتلارنىڭ قىممەتلىشىپ كەتكەندىن كېيىن ئەرزان بولۇپ كېتىشى، ئۇنىڭدىن كېيىن مەڭگۈ قىممەت بولماسلىقى قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر، — دېدى»(49).
دوكتور مۇھەممەد ئەلئەرىيفىي
دۇنيا ئۆزىنىڭ ئاداققى تىنىقلىرىدا
قىيامەتنىڭ چوڭ – كىچىك ئالامەتلىرى
ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى:
«ساجىيە تەرجىمە ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش سىنىپى» ئوقۇغۇچىلىرى
1. تىرمىزىي (2685). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
2.تىرمىزىي (2211). تىرمىزىي: «غەرىب» دېگەن. ئالبانىي: «زەئىف» دېگەن.
([3]) بۇ ھەدىس كىچىك ئالامەتلەردىن 45 – نومۇرلۇق ئالامەت ھەققىدە توختالغىنىمىزدا تولۇق ھالەتتە كەلتۈرۈلىدۇ.
4. تىرمىزىي (2211). تىرمىزىي: «غەرىب» دېگەن. ئالبانىي: «زەئىف» دېگەن.
5.بۇ ھەدىس كىچىك ئالامەتلەردىن 45 – نومۇرلۇق ئالامەت ھەققىدە توختالغىنىمىزدا تولۇق ھالەتتە كەلتۈرۈلىدۇ.
6. تىرمىزىي (2211). تىرمىزىي: «غەرىب» دېگەن. ئالبانىي: «زەئىف» دېگەن.
7. بۇخارىي (5590).
8. ئىبنى ماجە (4020). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
9. بۇخارىي (5590).
10. بەيھەقىي: «ئەسسۈنەنۇل كۇبرا»، (20797 – نومۇر). سەنەدى زەئىف. بەزى مۇھەددىسلەر: «بۇنىڭ تابىئىنلاردىن ئىبراھىم نەخەئىينىڭ سۆزى بولۇشى سەنەد جەھەتتىن سەھىھرەك» دەپ قارىغان. قاراڭ: «ئەتتەلخىسۇل ھەبىر»، (2113).
11.بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (7115)؛ مۇسلىم (5175).
12 ئەددانىي: «السنن الواردة في الفتن وغوائلها والساعة وأشراطها»، 231 – نومۇر.
13 مۇسلىم (4840).
14 مۇسلىم (118).
15نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 1/232.
16 ئەبۇ داۋۇد (449). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
17 ئەبۇ داۋۇد (448). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
18 ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 2/175.
19 ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 7/41.
20 ئىبنى ئەبى داۋۇد: «ئەلمەساھىف»، (475). ئالبانىي: («سەھىھۇلجاﻣﯩﺌ»، 585) «ھەسەن» دېگەن.
21 ئىمام بۇخارىي: «ئەلئەدەبۇل مۇفرەد»، (777). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
22 ئەھمەد (11638). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەھىھ» دېگەن.
23 ئەھمەد (3870). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «ھەسەن» دېگەن. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
24 بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (81)؛ مۇسلىم (4825).
25 ئەھمەد (1517). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «ھەسەن لىغەيرىھى» دېگەن.
26 «ئەلمۇستەدرەك» (8661). ھاكىم، زەھەبىيلەر: «سەنەدى سەھىھ» دېگەن.
27 يۇقىرىقى ھەدىس.
28 «ئەلمۇستەدرەك» (8412). ھاكىم، زەھەبىيلەر: «سەنەدى سەھىھ» دېگەن.
([29]) بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (100)؛ مۇسلىم (4828).
30 ئاپتور بۇ كىتابىنى يېزىۋاتقان ۋاقىتنىڭ ئالدىدىكى ئون يىلنى كۆرسىتىدۇ – ت.
31 ئىبنۇل مۇبارەك: «ئەززۇھد»، (61). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
32 تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، (8510). سەنەدى سەھىھ.
33 ئىمام ئەبۇ ئابدۇللاھ ئەھمەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ھەنبەل ئەششەيبانىي ئەلمەرۋەزىي (الإمَامُ أَحْمَدُ بنُ مُحَمَّدِ بنِ حَنْبَلٍ الشَّيْبَانِيُّ الْمَرْوَزِيُّ، ھ. 164 – 241 / م. 780 – 855) — باغدادتا ياشاپ ئۆتكەن بۈيۈك مۇھەددىس، فەقىھ. مەشھۇر «تۆت مەزھەب»نىڭ بىرى بولغان «ھەنبەلىي مەزھىبى»نىڭ ئىمامى. «ئەلمۇسنەد (المسند)» (چوڭ ھەجىملىك ھەدىسلەر توپلىمى)، «ئەززۇھد (الزهد)»، «ئەززۇھد («ئەنناسىخۇ ۋەلمەنسۇخۇ (الناسخ والمنسوخ)»، «ئەلمەسائىل (المسائل)» ۋە «ئەلئىلەل (العلل والرجال)» قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىفى.— ت.
34 ئىبنۇلجەۋزىي: «مەناقىبۇل ئىمام ئەھمەد»، 149 – بەت.
35 ئىبنى ئابدۇلبەر: «جامىئۇ بەيانىل ئىلىم»، 222 – بەت.
36 تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل ئەۋسەت»، (9376). ئالبانىي: («سەھىھۇلجاﻣﯩﺌ»، 5775) «ھەسەن» دېگەن.
37 «ئەھمەد» (14481). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «ئىمام مۇسلىم شەرتىگە ئاساسەن سەنەدى سەھىھ» دېگەن.
38 تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل ئەۋسەت»، (4861). ئالبانىي («ئەسسىلسىلەتۇززەئىفە»، (1791): «ئىنتايىن زەئىف» دېگەن.
39 «ئىبنى ئەبى شەيبە» (38743).
40 «ئەلمۇستەدرەك» (8661). ھاكىم، زەھەبىيلەر: «سەنەدى سەھىھ» دېگەن.
41 «مۇسلىم» رىۋايەتىدە: «ئىلىم ئازلاپ كېتىدۇ» دەپ كەلگەن.
42 بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6037)؛ مۇسلىم (157).
43 «فەتھۇلبارىي»، 20/66.
44 ئەھمەد (10956). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «ئىمام مۇسلىم شەرتىگە ئاساسەن سەنەدى سەھىھ» دېگەن. تىرمىزىي (2332). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
45 تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، (14551). ھەيسەمىي (12469): «بۇ ھەدىسنى تەبەرانىي بىرقانچە سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلغان بولۇپ، سەنەدلەرنىڭ ئەڭ ياخشى بىرىدە ئىبنى ئىسھاق ئىسىملىك مۇدەللىس بىرى بار، قالغان راۋىيلىرى ئىشەنچلىكتۇر» دېگەن. بۇسەيرىي («ئەلئىتھاف»، 7624): «بۇنى ئەبۇ يەئلا بىلەن بەززار ئوخشاش بىر سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلغان بولۇپ، راۋىيلىرى ئىشەنچلىك» دېگەن.
46 تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل ئەۋسەت»، (628). ھەيسەمىي («مەجمەئۇززەۋائىد»): «تەبەرانىينىڭ ۋەلىد ئىبنى ئابدۇلمەلىكتىن باشقا راۋىيلىرى سەھىھ ھەدىس توپلاملىرىدىكى راۋىيلاردۇر، ۋەلىد ئىبنى ئابدۇلمەلىكمۇ ئىشەنچلىك» دېگەن.
47ئەھمەد (15869). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەھىھ ھەدىس، سەنەدى ھەسەن» دېگەن.
48 ئەھمەد (23701). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەنەدى سەھىھ» دېگەن.
49 «ئەلمۇستەدرەك» (8598). ھاكىم، زەھەبىيلەر: «سەھىھ» دېگەن.