يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزدەك، قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى «چوڭ ئالامەتلەر» ۋە «كىچىك ئالامەتلەر» دەپ ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ. ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەرق شۇكى، چوڭ ئالامەتلەر يۈز بېرىپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا قىيامەت قايىم بولىدۇ، شۇنداقلا ئۇلار زور تەسىرگە ئىگە بولۇپ، ئۇلارنى ھەممە ئىنسانلار ھېس قىلىدۇ. كىچىك ئالامەتلەرگە كەلسەك، ئۇ قىيامەتتىن مەلۇم زامانلار ئىلگىرى يۈز بېرىشى، بەزى جايلاردا يۈز بېرىپ، بەزى جايلاردا يۈز بەرمەسلىكى، بەزى خەلقلەر ھېس قىلىپ، بەزى خەلقلەر ھېس قىلماسلىقى مۇمكىن.
بىز ئاۋۋال، بۇ ھەقتە كەلگەن ئايەت ۋە ھەدىسلەرنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەكشۈرۈپ چىقىپ، ھەدىس ۋە ئەسەرلەرنىڭ سەھىھلىكىگە كۆڭۈل بۆلگەن ئاساستا قىيامەتنىڭ كىچىك ئالامەتلىرىنى سۆزلەپ ئۆتىمىز.
(1)
مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ پەيغەمبەر بولۇپ ئەۋەتىلىشى
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆزىنىڭ پەيغەمبەر بولۇپ ئەۋەتىلىشىنى قىيامەتنىڭ يېقىنلاشقانلىقىنىڭ دەلىلى ھەمدە قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىنىڭ تۇنجىسى دەپ خەبەر بەرگەن. سەھل ئىبنى سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئوتتۇرا ۋە كۆرسەتكۈچ بارماقلىرى بىلەن ئىشارەت قىلىپ تۇرۇپ: ‹مەن قىيامەتكە مۇنۇ ئىككى نەرسىدەك ئارىلىق قالغاندا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلدىم› دېگەنلىكىنى كۆرگەن»(1). پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە: «مەن قىيامەتنىڭ تۇنجى مەيىن شامىلى (ئالامەتلىرىنىڭ تۇنجىسى) سۈپىتىدە پەيغەمبەر بولۇپ ئەۋەتىلدىم»(2) دېگەن.
ئىمام قۇرتۇبىي بۇ ھەدىسنى ئىزاھلاپ: «قىيامەتنىڭ تۇنجى ئالامىتى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدۇر. چۈنكى، ئۇ زات ئاخىر زامان پەيغەمبىرىدۇر، ئۇ پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەندىن تارتىپ تاكى قىيامەتكىچە ھېچبىر پەيغەمبەر ئەۋەتىلمەيدۇ» دېگەن(3).
(2)
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋاپات بولۇشى
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۆلۈم مۇسىبىتى قىيامەتنىڭ يېقىنلاشقانلىقىنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرىدىندۇر. ئەۋف ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن تەبۇك غازىتىدا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كەلدىم، ئۇ زات تېرىدىن ياسالغان بىر چېدىرنىڭ ئىچىدە ئىدى. ئۇ زات دېدىكى: ‹قىيامەتتىن بۇرۇن بۇ ئالتە ئىشنى سانىغىن: مېنىڭ ئۆلۈمۈم؛ بەيتۇلمۇقەددەسنىڭ فەتىھ قىلىنىشى؛ ئاندىن قوي ۋاباسىدەك بىر ۋابانىڭ سىلەرنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىشى؛ ئاندىن بىر كىشىگە يۈز دىنار بېرىلسىمۇ، (رازى بولماي) ئاچچىقى كېلىدىغان دەرىجىدە مال – دۇنيانىڭ كۆپىيىپ كېتىشى؛ ئاندىن ئەرەب ئۆيلىرىنىڭ بىرىنىمۇ قالدۇرماي (ھەممىسىگە) كىرىدىغان فىتنەنىڭ بولۇشى؛ ئاندىن سېرىق تەنلىكلەر (رۇملۇقلار) بىلەن ئاراڭلاردا بولىدىغان تىنچلىق كېلىشىمى تۈزۈلۈپ، كېيىن ئۇلار بۇ كېلىشىمگە خىيانەت قىلىپ، ئالدىڭلارغا ھەربىر سانجىقى 12 مىڭ ئەسكەردىن تەركىپ تاپقان 80 سانجاق ئەسكەر بىلەن ھۇجۇم قىلىپ كېلىشى»(4).
شۈبھىسىزكى، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ۋاپاتى مۇسۇلمانلارغا يەتكەن ئەڭ چوڭ مۇسىبەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ مۇسىبەت بولغاندا ساھابەلەرنىڭ كۆزلىرىدە مەدىنە قاراڭغۇ بولۇپ كەتكەنىدى.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋاپاتى بىلەن ئاسماندىن ۋەھيى ئۈزۈلدى ھەمدە ئۇ ۋاقىتتا تۇنجى فىتنەلەر يۈز بېرىپ، بەزى ئەرەبلەر ئىسلامدىن يېنىۋالدى.
(3)
ئاينىڭ يېرىلىشى
ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿قىيامەت يېقىنلاشتى، ئاي يېرىلدى. (قۇرەيش كۇففارلىرى) بىرەر مۆجىزىنى كۆرسىلا (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈپ، بۇ «داۋاملاشقۇچى سېھىردۇر» دېيىشىدۇ﴾(54/«قەمەر»: 1، 2).
ھافىز ئىبنى كەسىر بۇ ئايەتنى تەفسىرلەپ مۇنداق دېگەن: «ئاينىڭ يېرىلىشى ھەقىقەتەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زامانىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، مۇتەۋاتىر ھەدىسلەر بىلەنمۇ ئىسپاتلانغان ھەمدە ئاينىڭ يېرىلىشىنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم زامانىدا يۈز بەرگەنلىكى، شۇنداقلا ئۇنىڭ يارقىن مۆجىزىلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكى ئالىملار ئارىسىدا بىرلىككە كېلىنگەن مەسىلىدۇر»(5).
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «مەككە ئەھلى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئۆزلىرىگە بىر مۆجىزە كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلغاندا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارغا ئاينىڭ يېرىلىش مۆجىزىسىنى كۆرسەتكەن ئىدى»(6).
ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: «بىز پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن مىنادا تۇرساق، تۇيۇقسىز ئاي ئىككى پارچە بولۇپ يېرىلدى، بىر پارچىسى تاغنىڭ ئارقا تەرىپىدە، يەنە بىر پارچىسى تاغنىڭ ئالدى تەرىپىدە بولدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە: ‹بۇنىڭغا گۇۋاھ بولۇڭلار› دېدى»(7).
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: «مۇشرىكلار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا يىغىلىپ: ‹ئەگەر راستچىل (راست پەيغەمبەر) بولساڭ، بىزگە ئاينى ئىككى پارچە قىلىپ بەرگىن، بىر پارچىسى ئەبۇ قۇبەيس تېغى ئۈستىدە، يەنە بىر پارچىسى قۇئەيقىئان تېغى ئۈستىدە بولسۇن› دېدى. ئاي تولغان كېچە بولۇۋىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم پەرۋەردىگارىدىن ئۇلار تەلەپ قىلغان مۆجىزىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ بېرىشىنى تىلىدى. شۇ كېچىسى ئاي ئىككى پارچە بولۇپ، بىر پارچىسى ئەبۇ قۇبەيس تېغىنىڭ ئۈستىدە، يەنە بىر پارچىسى قۇئەيقىئان تېغىنىڭ ئۈستىدە بولدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹بۇنىڭغا گۇۋاھ بولۇڭلار› دېگەن ئىدى»(8).
(4)
ساھابە كىراملارنىڭ دۇنيادىن كېتىشى
پەيغەمبىرىمىزدىن كېيىن بۇ ئۈممەتنىڭ ئەڭ ياخشىلىرى بولسا ئۇ زاتنىڭ ساھابەلىرىدۇر. ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «يۇلتۇزلار ئاسماننىڭ قوغدىغۇچىلىرى. ئەگەر ئۇلار (يوقىلىپ) كەتسە، ئاسمان ھالاكەتكە ئۇچرايدۇ. مەن ساھابەلىرىمنىڭ قوغدىغۇچىسىمەن، مەن كەتسەم (ۋاپات بولسام) ساھابەلىرىمنىڭ بېشىغا ۋەدە قىلىنغان (قورقۇنچلۇق) ئىشلار كېلىدۇ. ساھابەلىرىم ئۈممىتىمنىڭ قوغدىغۇچىلىرى، ئۇلار كەتسە، ئۈممىتىمنىڭ بېشىغا ۋەدە قىلىنغان (قورقۇنچلۇق) ئىشلار كېلىدۇ»(9).
بۇ ھەدىستە، ساھابەلەرنىڭ كېتىشى يۇلتۇزلارنىڭ يوقىلىپ، يەر يۈزىگە ئۇچقۇنلارنىڭ چۈشىدىغانلىقى ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۆلۈمىدىن ئىبارەت قىيامەتنىڭ ئىككى ئالامىتى بىلەن بىرگە كەلتۈرۈلگەن ۋە يەنە ھەدىسلەردە ياخشىلارنىڭ ئارقا – ئارقىدىن بىر – بىرلەپ كېتىپ، ئەڭ ناچار ئادەملەر قالغاندىلا قىيامەت قايىم بولىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان.
(5)
بەيتۇلمۇقەددەسنىڭ فەتىھ قىلىنىشى
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم پەيغەمبەر بولۇپ ئەۋەتىلگەن چاغدا، بەيتۇلمۇقەددەس رىم خرىستىيانلىرىنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدا بولۇپ، رىم ئەينى ۋاقىتتا قۇدرەت تاپقان كۈچلۈك بىر دۆلەت ئىدى. پەيغەمبىرىمىز بەيتۇلمۇقەددەسنىڭ فەتىھ قىلىنىدىغانلىقىدىن خۇشخەبەر بېرىپ، ئۇنى قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى قاتارىدا سانىغان ئىدى. ئەۋف ئىبنى مالىك رىۋايەت قىلغان ھەدىسىدە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «قىيامەتتىن بۇرۇن بۇ ئالتە ئىشنى سانىغىن» دەپ شۇ قاتاردا بەيتۇلمۇقەددەسنىڭ فەتىھ قىلىنىدىغانلىقىنىمۇ تىلغا ئالغان ئىدى(10).
بەيتۇلمۇقەددەس ھ. 16 / م.637 – يىلى خەلىفە ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ دەۋرىدە فەتىھ قىلىنغان بولۇپ، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنى شىركلىكنىڭ ئاسارەتلىرىدىن تازىلاپ، ئۇ يەرگە بىر مەسجىد بىنا قىلغان ئىدى.
بەيتۇلمۇقەددەس ئىككى قېتىم فەتىھ قىلىنغان بولۇپ، بىرىنچى قېتىم ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ زامانىسىدا ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تەرىپىدىن، ئىككىنچى قېتىم ھ. 583 / م. 1187 – يىلى ئەييۇبىيلار سۇلالىسى زامانىسىدا سالاھىددىن ئەييۇبىي تەرىپىدىن فەتىھ قىلىنغان ئىدى.
ئاللاھ خاھلىسا، بەيتۇلمۇقەددەس پات پۇرسەتتە مۇئمىن بىر جامائەتنىڭ قولىدا ئازاد بولىدۇ، ھەتتا دەل – دەرەخ ۋە تاشلار: «ئى مۇسۇلمان! ئى ئاللاھنىڭ بەندىسى! ئارقامدا يەھۇدىي بار، بۇياققا كېلىپ، ئۇنى ئۆلتۈر!» دەپ سۆزلەيدۇ(11).
بەيتۇلمۇقەددەس ئەتراپىدا يۈز بېرىدىغان بىر قىسىم جەڭلەر بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ يەھۇدىيلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى بايانلار ھەققىدە كېيىن توختىلىمىز.
(6)
قوي ۋاباسىدەك بىر ۋابانىڭ پەيدا بولۇشى
بۇ ھەم قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر. بۇ خىل كېسەل نۇرغۇن قەۋم ۋە خەلقلەرنىڭ جېنىنى ئالىدىغان ۋاباغا بەكمۇ ئوخشايدۇ.
بەزىلەر: «بۇ خىل كېسەلنى پەلەستىندىكى بەيتۇلمۇقەددەسكە يېقىن جايدىكى ئەمۋاس دېگەن يەردە تارقالغان، ئېغىر ياللۇغلىنىش بىلەن ئادەم بەدىنىدە يىرىڭلىق يارا ياكى ئىششىقلار كۆرۈلۈپ، چىدىغۇسىز ئاغرىق پەيدا قىلغان، تېز تارقىلىشچان، جاننى ئالغۇچى كېسەللىك بولغان ۋابادا كۆرۈلگەن» دېگەن.
ئەۋف ئىبنى مالىك رىۋايەت قىلىدۇكى: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹قىيامەتتىن بۇرۇن بۇ ئالتە ئىشنى سانىغىن› دەپ، شۇ قاتاردا ‹ئاراڭلاردا قوي ۋاباسىدەك بىر ۋابا پەيدا بولىدۇ› دېگەنىدى»(12).
(ھ. 16 – يىلى) بەيتۇلمۇقەددەس فەتىھ قىلىنغاندىن كېيىن، ھ. 18 – يىلى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ زامانىدا شام زېمىنىدا مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ۋابا كېسىلى تارقالغان بولۇپ، شۇ چاغدا 25 مىڭغا يېقىن مۇسۇلمان خەلق ۋاپات بولغان ئىدى.
شۇ ۋابا سەۋەپلىك مۇئاز ئىبنى جەبەل، ئەبۇ ئۇبەيدە، شۇرەھبىل ئىبنى ھەسەنە، فەزل ئىبنى ئابباسلاردەك كاتتا ساھابەلەر ۋاپات بولغان ئىدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن رازى بولغاي!
قوي ۋاباسى — چارۋىلاردا پەيدا بولىدىغان، ئۇلارنىڭ بۇرنىدىن بىرنەرسە ئېقىپ، شۇ سەۋەبلىك ئۇشتۇمتۇت ئۆلۈپ قالىدىغان بىر خىل كېسەللىكتۇر. ۋابا بەدەندە ئېقىپ تۇرىدىغان جاراھەت پەيدا قىلغاندىن كېيىن، بىمار شۇ جاراھەت سەۋەبىدىن ۋاپات بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆزى تىلغا ئالغان ۋابانى قوي ۋاباسىغا ئوخشاتقان.
(7)
تۈرلۈك فىتنەلەرنىڭ كۆپ يۈز بېرىشى
بۇ مۇشۇ زاماندا كۆرۈلۈشكە باشلىغان قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىن بولۇپ، ھازىر كىشىلەرنى تۈرلۈك فىتنەلەر ئوراپ تۇرماقتا.
مەسىلەن، (1) تېلېۋىزىيە قاناللىرى، گېزىت – ژۇرنال ۋە تور بەتلەردە چىقىۋاتقان نەرسىلەر ئارقىلىق ھەمدە كىشىلەر تېلېفوندا كۆچۈرۈشۈپ يۈرۈۋاتقان ھارام سۈرەت، ۋىدىئولار ئارقىلىق ھارامغا قاراش فىتنەسى. كىمكى بۇ فىتنەلەرنى ئاللاھتىن قورقۇپ، ئاللاھتىن ئەيمىنىپ تەرك ئېتىدىكەن ۋە يىراق تۇرىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا شۇنداق بىر ئىماننى ئاتا قىلىدۇكى، قەلبىدە شۇ ئىماننىڭ ھالاۋىتىنى ھېس قىلالايدۇ.
(2) جازانە ۋە پارىدىن كەلگەن ماللار، ھاراق، ھارام قىلىنغان كىيىملەر ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ھارام تاۋارلارنى سېتىشتەك ھارام مال فىتنەسى؛ چۈنكى، ھارام يېگۈچىنىڭ دۇئاسىنى ئاللاھ قوبۇل قىلمايدۇ. ئاللاھ ئۇنداق كىشىگە ئازاب ۋەدە قىلغان.
(3) ئەر – ئاياللارنىڭ ھارام كىيىم – كېچەكلەرنى كىيىش فىتنەسى؛
(4) كىشىلەرنىڭ فىتنەلەرگە كۆپلەپ چۈشۈپ قېلىشى، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى پاك، تەقۋادار ئادەملەرنىڭ غېرىپ بولۇپ قېلىشى.
فىتنە — «سىناق ۋە ئىمتىھان» دېگەنلىك بولۇپ، شەرىئەتتە يامان كۆرۈلىدىغان ھەرقانداق ئىشقا ئىشلىتىلىدۇ.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇسۇلمانلارغا ھەق ئېنىق بولماي قېلىپ ھەق – ناھەقنى ئايرىيالماي قالىدىغان، ھەرقاچان بىرەر فىتنە يۈز بەرسە، مۇئمىن كىشى: «بۇ مېنىڭ ھالاكىتىم، ئەمدى تۈگەشتىم» دەپ كېتىدىغان، ئاندىن ئۇنىڭ ئورنىغا يەنە بىر فىتنە ئاشكارا بولىدىغان دەرىجىدىكى چوڭ فىتنەلەردىن خەبەر بەرگەن.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا ئالدىراڭلار، قاراڭغۇ كېچىنىڭ پارچىلىرىغا ئوخشاش فىتنە – پاساتلار مەيدانغا كېلىدۇ. بىر كىشى مۇئمىن ھالىتىدە تاڭ ئاتقۇزۇپ، كافىر ھالىتىدە كەچ قىلىدۇ. مۇئمىن ھالىتىدە كەچ قىلىپ، كافىر ھالىتىدە تاڭ ئاتقۇزىدۇ. ئۆزىنىڭ دىنىنى دۇنيانىڭ ئازغىنە نەرسىسىگە سېتىۋېتىدۇ»(13).
بۇ ھەدىستە تۆۋەندىكىدەك مەزمۇنلار بايان قىلىنغان:
زۇلمەتلىك كېچىنىڭ پارچىلىرىدەك قاتمۇقات، سانسىز فىتنەلەر يۈز بېرىپ، كىشىلەر شۇلار بىلەن مەشغۇل بولۇپ كېتىپ، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش تەس بولۇپ كېتىشتىن بۇرۇن ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا ئالدىراشقا قىزىقتۇرۇلغانلىقى؛
پەيغەمبىرىمىزنىڭ شۇ فىتنەلەرنىڭ كۈلپەتلىرىدىن بىرىنى سۈپەتلەپ، كىشىنىڭ مۇئمىن ھالدا كەچ قىلىپ، كافىر ھالدا تاڭ ئاتقۇزۇدىغانلىقى ياكى ئەكىسچە، مۇئمىن ھالدا تاڭ ئاتقۇزۇپ، كافىر ھالدا كەچ قىلىدىغانلىقى، بۇ، فىتنەلەرنىڭ ناھايىتى چوڭ بولىدىغانلىقىدىن بولۇپ، ئىنسان بىر كۈن ئىچىدە مۇشۇنداق (نەچچە خىل) ئۆزگىرىپ تۇرىدىغانلىقى.
(8)
سۈنئىي ھەمراھ قاناللىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشى
بۈگۈنكى كۈندە ئاسماندا خىزمەت قىلىۋاتقان سۈنئىي ھەمراھ قاناللىرى 13 مىڭدىن كەم ئەمەس بولۇپ، ئۇلارغا فىتنە ۋە بالالار مۇجەسسەملەنگەن.
بىز ئىلگىرى ئوقۇپ ئۆتكەن «ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا ئالدىراڭلار، قاراڭغۇ كېچىنىڭ پارچىلىرىغا ئوخشاش فىتنە – پاساتلار مەيدانغا كېلىدۇ… »(14) دېگەن ھەدىستە بۇ خىل فىتنەلەرگە ئومۇميۈزلۈك ئىشارەت قىلىنغان.
شۇنىڭدەك، سۈنئىي ھەمراھ قاناللىرىنىڭ شۇ خىلدىكى فىتنە – پاساتلىرى ۋە يامانلىقلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئەسەرلەرمۇ مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، ئىبنى ئەبى شەيبە «ھەدىس ۋە ئەسەرلەر توپلىمى»دا سەھىھ سەنەد بىلەن ھۇزەيفە ئىبنى يەمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ: «پات ئارىدا سىلەرگە ئاسماندىن يامانلىقلار چۈشىدۇ، ھەتتا ئۇ يامانلىقلار چۆل – باياۋانلارغىمۇ يېتىپ بارىدۇ» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان(15).
ئەرەبلەر «ئاسمان» دېگەن سۆزنى ئىنساننىڭ ئۈستىدىكى ھەممە نەرسىلەر ئۈچۈن قوللىنىدۇ. «لىسانۇل ئەرەب» دېگەن قامۇستا: «ئاسمان — ئۈستۈڭدە سايە تاشلىغان ھەرقانداق نەرسىدۇر» دەپ ئىزاھلانغان.
بۈگۈنكى كۈندىكى تېلېۋىزورلار سۈنئىي ھەمراھلار تارقاتقان فىتنە – پاساتلار ۋە شەرمەندىچىلىكلەرنى قوبۇل قىلىپ تارقىتىۋاتىدۇ، ھەتتا چۆل – باياۋانلاردىكى چېدىرلارمۇ بۇ فىتنەلەردىن خالىي بولالمايۋاتىدۇ.
(9)
«سىففىن ئۇرۇشى»نىڭ يۈز بېرىشى
قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىنىڭ يەنە بىرى بولسا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خەبەر بەرگەن، مۇسۇلمانلار بىلەن كافىرلارنىڭ ياكى مۇسۇلمانلار بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا بولىدىغان ئۇرۇشلارنىڭ يۈز بېرىشىدۇر. بۇ ئۇرۇشلارنىڭ بىرى «سىففىن ئۇرۇشى» بولۇپ، بۇ ئۇرۇش ھ. 36 – يىلى خەلىفە ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن. بۇ ئۇرۇشنىڭ يۈز بېرىشىمۇ ھەم قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹ئىككى چوڭ (مۇسۇلمان) قوشۇن بىر – بىرىگە قارشى ئۇرۇش قىلمىغۇچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ. گەرچە ئۇلارنىڭ دەۋالىرى بىر بولسىمۇ، ئارىلىرىدا چوڭ ئۇرۇش بولىدۇ› دېگەن»(16).
شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، بىز بۇ يەردە ئەھلى سۈننە ۋەلجامائەنىڭ ساھابەلەر ئارىسىدىكى فىتنەگە بولغان پوزىتسىيىسىنى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتىمىز.
ساھابە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارمۇ ئىنسان، پەيغەمبەر ئەمەس، شۇڭا ئۇلاردىن باشقا ئىنسانلارغا ئوخشاش ئىجتىھادلار، خاتالىقلار، دەتالاشلار، ھەتتا ئۇرۇشلارمۇ يۈز بېرىپ قېلىشى مۇمكىن.
ئەھلى سۈننە ۋەلجامائەنىڭ ھەممىسى شۇنىڭغا بىرلىككە كەلگەنكى، ساھابەلەر بولسا كىشىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرى، ئەڭ سالىھلىرى ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ توغرا يولىغا ئەڭ يېقىن بولغانلىرىدۇر، شۇنداقلا ئۇلار ئارىسىدا يۈز بەرگەن دەتالاشلار ھەققىدە توختالماسلىق، سەۋەبىنى ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈپ سۈرۈشتۈرمەسلىك، ئاۋام – پۇقرالار ئارىسىدا تاراتماسلىق لازىم. چۈنكى، بۇ ھەقتە توختىلىش فىتنە قوزغاپ، كۆڭۈللەرگە بولمىغۇر گۇمانلارنى سېلىپ يامان تەسىر پەيدا قىلىدۇ.
(10)
خاۋارىجلارنىڭ باش كۆتۈرۈپ چىقىشى
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە ساھابە كىراملارنىڭ يولىغا قارشى بىر قىسىم گۇرۇھلارنىڭ چىقىشى قىيامەتنىڭ يەنە بىر ئالامىتىدۇر. ئەنە شۇ گۇرۇھلارنىڭ بىرى خاۋارىجلار گۇرۇھىدۇر. خاۋارىجلار بولسا ئىلگىرى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قوشۇنى ئىچىدە بولۇپ، كېيىن ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئوتتۇرىسىدىكى سۈلھ سەۋەبلىك ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتىپ، كۇفەگە يېقىن «ھەرۇرا» دېگەن جايغا كەتكەن كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ.
ئۇلارنىڭ بىر قىسىم خاتا ئېتىقادىي قاراشلىرى:
1. (زىنا قىلغۇچى، ھاراق ئىچكۈچى قاتارلىقلارغا ئوخشاش) چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويغان ئادەمنى كافىرغا چىقىرىپ، ئۇنى جەھەننەمدە مەڭگۈ قالىدۇ دەپ قاراش؛ بۇ خىل قاراش ئوچۇق – ئاشكارا ئازغۇنلۇقتۇر. توغرا قاراش بولسا مۇسۇلمان بۇ گۇناھلارنى سادىر قىلسا كافىر بولمايدۇ، بىراق ئۇ شۇ گۇناھلارنى قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاسىي، پاسىق بولىدۇ. ئۇنىڭ تەۋبە قىلىپ، گۇناھ – مەئسىيەتتىن يېنىشى زۆرۈر بولىدۇ.
2. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى، شۇنداقلا ئۇلار ئارىسىدىكى سۈلھگە رازى بولغان كۆپلىگەن ساھابەلەرنىڭ (ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن رازى بولسۇن) ھەممىسىنى كافىرغا چىقىرىش؛
3. «كافىر بولغانلىقى ئېنىق ئىسپاتلانمىغان پاسىق ھاكىملارغا قارشى چىقسا بولىدۇ» دەپ قاراش.
ئۇلار ئۆزلىرىنى ئىلىم ئەھلى دەپ دەۋا قىلىدۇ، ئۆزلىرىنى ئىبادەتكە قاتتىق ئۇرىدۇ ۋە ئاللاھنىڭ كىتابىدىكى ھۆكۈملەرنى بىلمەيدۇ. زۇلخۇۋەيسىرە دېگەن كىشى شۇلارنىڭ قاتارىدىن بولۇپ، ئۇ توغرىسىدا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «خۇددى ئوق يادىن چىقىپ كەتكەندەك، ئۇلار ئىسلامدىن چىقىپ كېتىدۇ»(17) دېگەن.
ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاخىر زاماندا، گۆدەك، كالتە پەم بىر بۆلۈك كىشىلەر ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، ئۇلارنىڭ ئوقۇغان قۇرئانلىرى بوغۇزىدىن ئۆتمەيدۇ، ئەڭ ياخشى سۆزلەرنى قىلىدۇ، ئۇلار دىندىن خۇددى ئوق ئوۋغا تېگىپ، ھېچنېمە يۇقماي چىقىپ كەتكەندەك چىقىپ كېتىدۇ» دېگەن(18).
خاۋارىجلارنىڭ كېلىپ چىقىشى:
«سىففىن ئۇرۇشى»دا شاملىقلار بىلەن ئىراقلىقلار ئىككى تەرەپ (يەنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قوشۇنى) ئارىسىدىكى سۈلھگە بىرلىككە كەلگەن، «سىففىن جېڭى» ئاخىرلىشىپ، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كۇفەگە قايتقاندىن كېيىن، خاۋارىجلار ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ چىقىپ، «ھەرۇرا» دېگەن جايغا چۈشكۈن قىلدى. ئۇلارنىڭ سانى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قوشۇنى ئىچىدە سەككىز مىڭ ئىدى. بەزىلەر: «ئۇلار 16 مىڭ كىشى ئىدى» دېگەن.
ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خاۋارىجلارنىڭ قېشىغا ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانى ئەۋەتتى. ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ ئۇلار بىلەن مۇنازىرىلىشىشى نەتىجىسىدە، بەزىلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ خەلىفەسى ئەلىگە قايتىدىن ئىتائەت قىلدى. بەزىلىرى ئازغۇنلۇقىدا قېلىۋەردى(19). شۇنىڭ بىلەن ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇلارغا كۇفە مەسجىدىدە نۇتۇق سۆزلىۋېدى، ئۇلار مەسجىدنىڭ ھەممە تەرەپلىرىدىن بىردەك:
— بارچە ھۆكۈم ئاللاھقا خاستۇر، — دەپ توۋلاشتى. ئۇلار يەنە:
— سەن شىرك كەلتۈردۈڭ، كىشىلەرنى ھۆكۈم قىلغۇچى قىلدىڭ، ئاللاھنىڭ كىتابى بويىچە ھۆكۈم قىلمىدىڭ، — دېيىشتى. ئەلى ئۇلارغا:
— بىزنىڭ ئۈستىمىزدە سىلەرنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئۈچ ھەققىڭلار بار: سىلەرنى مەسجىدلەردىن توسمايمىز، غەنىيمەتلەردىكى نېسىۋەڭلاردىن چەكلىمەيمىز، بۇزغۇنچىلىق قىلمىساڭلارلا، بىز سىلەرگە ئاۋۋال ئۇرۇش ئاچمايمىز، — دېدى(20).
كېيىن ئۇلار توپلىشىپ، يېنىدىن ئۆتكەنلىكى مۇسۇلمانلارنى ئۆلتۈردى. ئۇلار ئابدۇللاھ ئىبنى خەبباب ئىبنى ئەرەتنى ئۆلتۈرۈپ، ئايالىنىڭ قورسىقىنى يېرىۋەتتى. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ ئىشتىن خەبەر تېپىپ ئۇلاردىن:
— ئۇنى كىم ئۆلتۈردى؟ — دەپ سورىدى، ئۇلار:
— بىز ھەممىمىز ئۆلتۈردۇق، — دەپ تۇرۇۋالدى. شۇنىڭ بىلەن ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا ھازىرلاندى، ئۇلار بىلەن «نەھرەۋان» دېگەن جايدا ئۇرۇشۇپ، ئۇلارنى قاتتىق مەغلۇپ قىلدى.
(11)
پەيغەمبەرلىكنى دەۋا قىلغۇچى يالغانچى دەججاللارنىڭ چىقىشى
پەيغەمبەرلىك دەۋاسى قىلىپ، يالغانچىلىقلىرى بىلەن فىتنە – پاساتلارنى قوزغايدىغان يالغانچى دەججاللارنىڭ چىقىشىمۇ قىيامەتنىڭ بىر ئالامىتىدۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارنىڭ سانىنىڭ ئوتتۇزغا يېقىن ئىكەنلىكىدىن خەبەر بېرىپ: «ھەربىرى ئۆزلىرىنى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى دەپ ئاتىۋالىدىغان ئوتتۇزغا يېقىن يالغانچى دەججال چىقمىغۇچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ» دېگەن(21).
قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىنىڭ بىرى بولغان بۇ ئالامەت يۈز بېرىپ بولغان بولۇپ، قەدىمكى ھەم يېقىنقى زامانلاردا پەيغەمبەرلىك دەۋاسى قىلغۇچىلار كۆپ كۆرۈلگەن. كاززاب، يەكچەشمە دەججال (ئاللاھقا سىغىنىپ ئۇنىڭ فىتنەسىدىن پاناھ تىلەيمىز) چىققانغا قەدەر باشقا كاززابلار چىقىپ تۇرۇشى مۇمكىن. رەسۇلۇللاھ بىر كۈنى خۇتبە ئوقۇپ مۇنداق دېگەن: «ئوتتۇز نەپەر كاززاب چىقىپ، ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى يەكچەشمە كاززاب (دەججال) بولمىغۇچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ»(22).
سەۋبان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان: «ئۈممىتىمدىن بىرقانچە قەبىلە مۇشرىكلارغا ئەگەشمىگۈچە، بىرقانچە قەبىلە بۇتلارغا چوقۇنمىغۇچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ. ئۈممىتىمدىن ئوتتۇز كاززاب چىقىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆزىنى پەيغەمبەر دەپ دەۋا قىلىدۇ. ھالبۇكى مەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسىدۇرمەن، مەندىن كېيىن ھېچقانداق پەيغەمبەر كەلمەيدۇ»(23).
شۇنىڭدەك، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم پەيغەمبەرلىكنى دەۋا قىلغۇچى 27 نەپەر ئادەمنىڭ چىقىدىغانلىقى، ئۇلاردىن تۆتىنىڭ ئايال كىشى ئىكەنلىكى ھەمدە ئۆزلىرىنى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ ئاتىۋالىدىغانلىقىنى خەبەر قىلغان.
ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئۈممىتىمنىڭ ئىچىدىن 27 نەپەر يالغانچى دەججال چىقىدۇ. ئۇلارنىڭ تۆتى ئايال بولىدۇ. مەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسىمەن. مەندىن كېيىن ھېچقانداق پەيغەمبەر بولمايدۇ»(24).
ئىلگىرى پەيغەمبەرلىك دەۋاسى قىلغان كۆپلىگەن ئادەملەر مەيدانغا كەلگەن:
1. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدا پەيغەمبەرلىك دەۋاسى قىلغانلاردىن ئەسۋەدۇل ئەنسىي؛ ئۇ، يەمەندە مۇرتەد بولۇپ پەيغەمبەرلىك دەۋاسى قىلغان. ئۇنىڭ مۇرتەدلىكى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم زامانىدا ئىسلامدىكى تۇنجى مۇرتەدلىك ئىدى. ئۇ ئەسكەرلىرى بىلەن قوزغىلىپ، 3 ~ 4 ئاي جەريانىدا يەمەننىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى ئۆزىگە بويسۇندۇردى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ يەمەندىكى مۇسۇلمانلارغا ئۇنىڭ بىلەن جەڭ قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ خەت ئەۋەتتى. ئۇلار ئاۋاز قوشۇپ، ئەسۋەدەل ئەنسىينى ئۆز ئۆيىدە ئايالىنىڭ ياردىمى بىلەن ئۆلتۈردى. بۇ ئايال ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىشىنىدىغان مۇئمىن ئايال بولۇپ، ئۇ بۇ ئايالىنى ئېرىنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ زورلۇق بىلەن ئەمرىگە ئېلىۋالغان ئىدى. ئەسۋەدەل ئەنسىينىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى بىلەن يەمەندە ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ نوپۇزى قايتىدىن تىكلەندى. ئۇلار رەسۇلۇللاھقا بۇ خەبەرنى يېزىپ ئەۋەتتى. ھالبۇكى رەسۇلۇللاھقا شۇ كېچىدە ئاسماندىن خەبەر كەلگەن بولۇپ، ساھابەلىرىگە بۇنى خەبەر قىلغان ئىدى. بۇ كاززابنىڭ ھۆكۈمرانلىقى بۇ كاززاب باش كۆتۈرۈپ چىققان ۋاقتىدىن تارتىپ ئۆلتۈرۈلگۈچە ئۈچ ئاي داۋاملاشقان ئىدى. بەزىلەر: «تۆت ئاي داۋاملاشقان ئىدى» دېگەن.
2. تۇلەيھە ئىبنى خۇۋەيلىد ئەلئەسەدىي؛ ئۇ پەيغەمبەرلىك دەۋاسى قىلغاندىن كېيىن مۇسۇلمانلار ئۇنىڭ بىلەن بىرقانچە قېتىم جەڭ قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ مۇسۇلمان بولۇپ، ياخشى مۇسۇلمان بولدى. ئۇ مۇسۇلمانلار قوشۇنىغا قوشۇلۇپ، ئاللاھ يولىدا قاتتىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، نەھاۋەندى دېگەن جايدا شەھىد بولدى. ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!
3. مۇسەيلەمەتۇل كاززاب (كاززاب مۇسەيلەمە)؛ ئۇ ئۆزىگە قاراڭغۇدا ۋەھيى كېلىدۇ دەپ دەۋا قىلاتتى. ئەبۇبەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭ قېشىغا خالىد ئىبنى ۋەلىد، ئىكرەمە ئىبنى ئەبۇ جەھل ۋە شۇرەھبىل ئىبنى ھەسەنە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇم قاتارلىقلارنىڭ باشچىلىقىدا قوشۇن ئەۋەتتى. مۇسەيلەمە ئۇلارنى 40 مىڭ ئادەملىك زور قوشۇن بىلەن كۈتۈۋالدى. ئۇلار ئارىسىدا شىددەتلىك جەڭلەر بولدى، جەڭدە مۇسەيلەمە ۋە ئۇنىڭ قوشۇنى مەغلۇپ بولۇپ، كاززاب مۇسەيلەمە ۋەھشى ئىبنى ھەربنىڭ قولىدا ئۆلتۈرۈلدى. ھەقىقەت غەلىبە قىلىپ، تەۋھىد بايرىقى تىكلەندى.
4. سەجاھ بىنتى ھارىس؛ ئۇ تەغلىب قەبىلىسىدىن بولۇپ، ئەرەب خرىستىيانلىرىدىن ئىدى. رەسۇلۇللاھنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن پەيغەمبەرلىك دەۋاسى قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى ئۆز خەلقى ۋە ئۇلاردىن باشقا نۇرغۇن كىشىلەر قوللاپ – قۇۋۋەتلىدى. ئۇ بۇلارنىڭ ياردىمىدە قوشنا قەبىلىلەرگە ھۇجۇم قىلدى. ئۇ يۈرۈش قىلىپ يەمامەگە يېتىپ كەلگەندە، كاززاب مۇسەيلەمە بىلەن ئۇچراشتى ۋە ئۇنى تەستىقلاپ، ئۇنىڭغا ياتلىق بولدى. مۇسەيلەمە ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن يۇرتىغا قايتىپ، قەۋمى تەغلىب قەبىلىسى ئىچىدە تۇرۇپ قالدى. كېيىن ئۇ مۇسۇلمان بولۇپ، ياخشى مۇسۇلمان بولدى، كېيىن بەسرەگە قايتىپ، شۇ جايدا ۋاپات بولدى.
5. تابىئىنلار ۋە ئۇلاردىن كېيىنكىلەر دەۋرىدە پەيغەمبەرلىك دەۋاسى قىلغانلاردىن مۇختار ئىبنى ئەبۇ ئۇبەيد ئەسسەقەفىي؛ ئۇ دەسلەپتە شىئە مەزھىبىدىكى كىشىدەك مەيدانغا چىقتى، شۇنىڭ بىلەن شىئە مەزھىبىدىكى نۇرغۇن جامائەت ئۇنى قوللاپ – قۇۋۋەتلىدى، ئۇ «جىبرىل ئەلەيھىسسالام ماڭا ۋەھيى ئېلىپ كېلىدۇ» دەپ دەۋا قىلدى. ئۇنىڭ بىلەن مۇسئەب ئىبنى زۇبەير ئوتتۇرىسىدا بىرقانچە جەڭلەر بولغان بولۇپ، ئۇ شۇ جەڭلەرنىڭ بىرىدە ئۆلتۈرۈلدى.
6. كاززاب ھارىس ئىبن سەئىد؛ ئۇ دەمەشىقتە ئىبادەتكار قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، كېيىن ئۆزىنى پەيغەمبەر دەپ ئاتىۋالدى. ئۇ بۇ خەبەرنىڭ ئابدۇلمەلىك ئىبنى مەرۋانغا يېتىپ بارغانلىقىنى بىلىپ يوشۇرۇنۇۋالدى، شۇنىڭ بىلەن بەسرەلىك بىر كىشى ئۇنىڭ (يوشۇرۇنغان) جايىنى بىلىۋېلىپ، ئۆزىنى ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئىشەنگەن قىياپەتتە كۆرسەتتى، ھارىس بۇ كىشىنى ھەر ۋاقىت يېنىغا كىرىشتىن توسماسلىقنى بۇيرۇدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى بۇ خەبەرنى ئابدۇلمەلىككە يەتكۈزدى. ئابدۇلمەلىك ئۇ كىشى بىلەن ئەسكەرلەرنى ئەۋەتىپ ئۇنى تۇتۇۋالدى. ھارىس ئابدۇلمەلىكنىڭ قېشىغا ئېلىپ كېلىنگەندە ئابدۇلمەلىك فىقھشۇناسلار ۋە ئەھلى ئۆلىمالاردىن بىرقانچە كىشىنى ئۇنىڭغا ۋەز – نەسىھەت قىلىپ، بۇ ئىشىنىڭ شەيتاننىڭ ئىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكە بۇيرۇدى. ئەمما، ئۇ ئۇلارنىڭ نەسىھىتىنى قوبۇل قىلمىدى، شۇنداقلا تەۋبە قىلىشقا ئۇنىمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئابدۇلمەلىك ئۇنى ئۆلتۈردى.
7. يېقىنقى دەۋردە، بۇنىڭدىن تەخمىنەن بىر ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى ھىندىستاندا مىرزا غۇلام ئەھمەد قادىيانىي دەپ ئاتىلىدىغان بىر كىشى پەيغەمبەرلىكنى دەۋا قىلىپ مەيدانغا چىقتى. ئۇ «ماڭا ئاسماندىن ۋەھيى كېلىدۇ» دەپ بىلجىرلايتتى، شۇنىڭدەك ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىگە سەكسەن يىل ئۆمۈر بەرگەنلىكىنى دەۋا قىلاتتى. بىر تۈركۈم كىشىلەر ئۇنىڭغا ئەگەشتى، شۇنىڭ بىلەن ئۆلىمالار بەس – بەستە ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرىلىشىشكە يۈزلىنىپ، ئۇنىڭغا رەددىيە بەردى ۋە كىشىلەرگە ئۇنىڭ يالغانچى كاززاب ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. بۇ ئۆلىمالارنىڭ ئارىسىدا بۈيۈك ئالىم سەنائۇللاھ ئامىر تۈسەرىيمۇ بار بولۇپ، ئۇ بۇ كاززابقا ئەڭ قاتتىق قارشى تۇرغان ئۆلىما ئىدى. ھ. 1326 / م. 1908 – يىلىغا كەلگەندە، قادىيانىي شەيخ سانائۇللاھقا: «ئىككىمىزدىن كىم يالغان توقۇغان، يالغانچى بولسا، شۇ پات يېقىندا ئۆلىدۇ» دەپ قارشىلاشتى. شەيخ سانائۇللاھ ئاللاھ تائالادىن بۇ ناھەق ئىش قىلغۇچىنى جېنىدىن جۇدا قىلىشىنى، ئۇنى ۋابا كېسىلىگە گىرىپتار قىلىپ، شۇ كېسەلدە ئۆلۈشىنى تىلەپ دۇئا قىلدى. بىر يىلدىن كېيىن شەيخنىڭ دۇئاسى ئىجابەت بولدى. قادىيانىينىڭ قېيىن ئاتىسى ئۇنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلىرىنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: «ئەينى ۋاقىتتا ئۇ كېسىلى ئېغىرلاپ مېنى ئويغاتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭ ئاغرىق ئازابى تارتىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇ ماڭا: ‹خولىرا كېسىلىگە گىرىپتار بوپتىمەن› دېدى ۋە شۇنىڭدىن كېيىن بىرەر ئېغىزمۇ ئوچۇق سۆز قىلالماستىن ئۆلۈپ كەتتى».
يالغانچى – كاززابلار راستچىل، ئىشەنچلىك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خەبەر بەرگەن سانغا توشمىغۇچە، بىر – بىرلەپ توختىماستىن چىقىپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاخىرى مەسىھ دەججالنىڭ زامان ئاخىرىدا چىقىشى بىلەن ئاياغلىشىدۇ ۋە مەريەم ئوغلى ئىيسا ئەلەيھىسسالام چۈشۈپ، ئۇنى ۋە ئۇنىڭ فىتنەسىنى بەربات قىلىدۇ(25).
بۇ مەسىلىدىكى مۇجمەللىك:
ئېھتىمال بەزىلەر: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم پەيغەمبەرلىك دەۋاسى قىلغۇچىلار ئوتتۇز دەپ خەبەر بەرگەن ئىدى، بىراق تارىخ ۋە ئەمەلىيەت ئۇلارنىڭ سانىنىڭ بۇنىڭدىن كۆپ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى» دېيىشى مۇمكىن.
جاۋاب: «(ھەدىستە كۆرسىتىلگەن) پەيغەمبەرلىك دەۋاسى قىلغۇچى بۇ ئوتتۇز نەپەر كىشىنىڭ شان – شۆھرىتى، پۇل – مېلى ۋە مۇئەييەن مىقداردا ئەگەشكۈچىلىرى بار بولۇپ، ئۇلاردىن باشقا بۇنداق ھالەتكە يەتمىگەنلەر بۇلارنىڭ ئىچىگە كىرەلمەيدۇ».
(12)
خاتىرجەملىك ۋە باياشاتلىقنىڭ ئومۇملىشىشى
مۇسۇلمانلار ئۇرۇش – جەڭلەرنى كۈتۈش، دۈشمەنلەرگە قارشى تۇرۇش بىلەن مەككە ۋە مەدىنەدە بىر مەزگىل ياشىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قىيامەتنىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقىنى، خاتىرجەملىك ۋە باياشاتلىقنىڭ كۆپىيىدىغانلىقىنى خەبەر قىلىپ:
— ئەرەب دىيارى باغۇ – بوستانلىق ۋە دەريالىق ھالىتىگە قايتمىغۇچە، ئىراق بىلەن مەككە ئارىسىدىكى يولۇچى يولدىن ئېزىپ قېلىشتىن باشقىسىدىن قورقماي ماڭمىغۇچە، ھەرج كۆپەيمىگۈچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ، — دېۋىدى، ساھابەلەر:
— ئى رەسۇلۇللاھ، ھەرج دېگەن نېمە؟! — دېيىشتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— (ھەرج دېگەن) ئۆلتۈرۈش، — دەپ جاۋاب بەردى(26).
بۇ مەزمۇننى يەنە ئەدىي ئىبنى ھاتىم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ رىۋايەتىمۇ كۈچلەندۈرىدۇ. ئەدىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ماڭا:
— ئى ئەدىي! سەن ھىيرەنى(27) كۆرۈپ باققانمۇ؟ — دېۋىدى، مەن:
— ئۇنى كۆرۈپ باقمىغان، ئەمما شۇنداق بىر شەھەر بار دەپ ئاڭلىغان، — دېسەم، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— ئەگەر ئۆمرۈڭ ئۇزۇن بولسا، ئايال كىشىنىڭ ھىرەدىن يولغا چىقىپ، ئاللاھتىن باشقا ھېچكىمدىن قورقماي (خاتىرجەم ھالدا) يول يۈرۈپ، كەئبەنى تاۋاپ قىلىدىغانلىقىنى چوقۇم كۆرىسەن، — دېگەن ئىدى»(28).
ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ماللار كۆپىيىپ، تولۇپ تاشىدۇ، مەھدىي مەيدانغا كېلىپ ۋە ئىيسا ئەلەيھىسسالام چۈشكەن ۋاقىتلاردا ئېزىلىش ۋە زۇلۇمنىڭ ئورنىنى ئادالەت ئالىدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم(29).
(13)
ھىجازدىن بىر ئوتنىڭ چىقىشى
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خەبەر قىلغان قىيامەت ئالامەتلىرىدىن بىرى مەدىنە مۇنەۋۋەرە ئەتراپىدىكى ھىجاز زېمىنىدىن بىر ئوتنىڭ چىقىشىدۇر. بىر قىسىم ئالىملار ۋە تارىخچىلار بۇ ئالامەتنىڭ ھ. 654 / م. 1256 – يىلى بولغانلىقىنى بايان قىلىشىدۇ.
ھافىز ئىبنى كەسىر بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «ھەدىستە كەلگەندەك ھىجاز زېمىنىدىن بىر ئوت چىقىپ، ئۇنىڭ يورۇقىدىن بۇسرادىكى(30) تۆگىلەرنىڭ بويۇنلىرى يورۇپ كەتكەن ئەھۋال بولغان. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ›ھىجاز زېمىنىدىن بىر ئوت چىقىپ، بۇسرادىكى تۆگىلەرنىڭ بويۇنلىرىنى يورۇتمىغۇچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ‹(31). بەزىلەر: ›بۇ ئوت ئۈچ ئاي يانغان بولۇپ، شەھەر ئاياللىرى ئوتنىڭ يورۇقىدا غەزەل توقۇشاتتى‹ دېگەن»(32).
ئەبۇ شامە بۇ ۋەقەنى سۈپەتلەپ مۇنداق دېگەن: «ھىجرىيە 654 – يىلى جۇمادىيەل ئاخىرنىڭ ئۈچىنچى كۈنى چارشەنبە كېچىسى(33) مەدىنە مۇنەۋۋەرەدە قاتتىق گۈلدۈرماما ئاۋازى ئاڭلىنىپ، يەر تەۋرەش يۈز بەردى. بۇ يەر تەۋرەش شۇ ئاينىڭ جۈمە كۈنىگىچە داۋاملاشقان بولۇپ، يەرلەر، كۆللەر، تام – تورۇسلار، ياغاچلار، ئىشىكلەر پات – پات تەۋرەپ تۇردى. كېيىن بەنى قۇرەيزەگە يېقىن ھەررە دېگەن ئورۇندا غايەت زور ئوت پەيدا بولدى. بىز بۇ ئوتنى مەدىنەدىكى ئۆيلىرىمىزدىن كۆردۇق، ئۇ ئوت گوياكى قەسىردەك يالقۇنلىرىنى چاچرىتىپ، شەزا ۋادىسىغا ئوت كەلكۈندەك ئاقماقتا ئىدى»(34).
(14)
تۈركلەر بىلەن ئۇرۇشۇش
ئىلگىرى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇسۇلمانلار بىلەن باشقىلار ئارىسىدا يۈز بېرىدىغانلىقىنى (ئالدىنئالا) خەبەر بەرگەن ئۇرۇش ۋە جەڭلەرنىڭ قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىن ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان ئىدۇق. شۇ ئۇرۇشلارنىڭ بىرى مۇسۇلمانلار بىلەن تۈركلەر(35) ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشتۇر. بۇ ئۇرۇش ساھابەلەر زامانىدا، ئۇمەييە خەلىفەلىكىنىڭ دەسلەپكى دەۋرلىرىدە بولغان بولۇپ، ئۇلار تۈركلەرنى مەغلۇپ قىلىپ ئۇلاردىن غەنىيمەتلەر ئالغان.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «سىلەر كۆزلىرى كىچىك، قىزىل يۈزلۈك، بۇرۇنلىرى پاناق، يۈزلىرى خۇددى چەم بىلەن قاپلانغان قالقاندەك كەڭ تۈركلەر بىلەن ئۇرۇشمىغۇچە قىيامەت بولمايدۇ، سىلەر تاكى يۇڭ كەشلەرنى كىيىدىغان بىر قەۋم بىلەن ئۇرۇشمىغۇچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ»(36).
ھەدىستە تىلغا ئېلىنغان تۈركلەردىن موڭغۇللار مەقسەت قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار ھ. 656 / م. 1258 – يىلى ئىسلام دۆلەتلىرىنى بېسىۋىلىپ قان تۆككەن، لېكىن ئۇلار ئاخىرىدا ئىسلامغا كىرگەن.
دوكتور مۇھەممەد ئەلئەرىيفىي
دۇنيا ئۆزىنىڭ ئاداققى تىنىقلىرىدا
قىيامەتنىڭ چوڭ – كىچىك ئالامەتلىرى
ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى:
«ساجىيە تەرجىمە ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش سىنىپى» ئوقۇغۇچىلىرى
1. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (4936)؛ مۇسلىم (1435).
2. ھاكىم: «ئەلكۇنە»، (1159). ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 808) «ئىسنادى سەھىھ» دېگەن.
3. قۇرتۇبىي: «ئەتتەزكىرە»، 710 – بەت.
4. بۇخارىي (3176).
5. «تەفسىرۇ ئىبنى كەسىر»، 7/472.
6. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (3637)؛ مۇسلىم (2802).
7. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (3636)؛ مۇسلىم (2800).
8. ئەبۇ نۇئەيم: «دەلائىلۇننۇبۇۋۋە»، (209). سەنەدى زەئىف بولسىمۇ، دەلىل سۈپىتىدە ئەمەس، سەھىھ ھەدىسلەرگە يانداشتۇرۇپ كەلتۈرۈپ قويدۇم.
9. مۇسلىم (2531).
10. بۇخارىي (3176).
11. مۇسلىم (2922).
12. بۇخارىي (3176).
13. مۇسلىم (118).
14. مۇسلىم (118).
15. ئىبنى ئەبى شەيبە (38554).
16. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (3109)؛ مۇسلىم (5142).
17. ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم (ھۇنەيندىن غەنىيمەت ئالغان) ئولجىلارنى تەقسىم قىلىۋاتقاندا بىز يېنىدا ئىدۇق. بەنى تەمىم قەبىلىسىلىك زۇلخۇۋەيسىرە دېگەن بىر ئادەم كېلىپ:
— يا رەسۇلەللاھ! ئادىل بولغايلا، — دېۋىدى. رەسۇلۇللاھ:
— ۋاي ئېسىت ساڭا! مەن ئادىللىق قىلمىسام، كىم ئادىللىق قىلار؟ مەن ئادىل بولمىسام، (ماڭا ئەگەشكەنلىكىڭ ئۈچۈن) سەن زىيان تارتىپ ۋەيران بولۇپ كەتمەمسەن؟! — دېدى. ئۆمەر:
— يا رەسۇلەللاھ! ماڭا ئىجازەت بەرسىلە، ئۇنىڭ كاللىسىنى ئالاي، — دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ:
— بولدى قوي ئۇنى. ئۇنىڭ شۇنداق ھەمراھلىرى باركى، ئۇلارنىڭ ناماز ۋە روزىسى ئالدىدا ناماز ۋە روزاڭلارنى تۆۋەن چاغلاپ قالىسىلەر. ئۇلار قۇرئان ئوقۇغىنى بىلەن، ئۇلارنىڭ تىلاۋەتلىرى كېكىرتىكىنىڭ ئۇ تەرىپىگە ئۆتمەيدۇ. ئۇلار دىندىن خۇددى يا ئوقى ئوۋدىن (تېشىپ) چىقىپ كەتكەندەك چىقىپ كېتىدۇ. ئوق ئۇچىدىكى تىغقا قارىلىدۇ. بىر نەرسە كۆرۈلمەيدۇ. تىغنى ئوققا كىرگۈزۈپ، ئۈستىدىن چىڭ چىگىۋېتىلگەن شوينىغا قارىلىدۇ. بىرنەرسە كۆرۈلمەيدۇ. ئوقنىڭ غول ياغىچىغا قارىلىدۇ. بىرنەرسە كۆرۈلمەيدۇ. ئوقنىڭ پۆپۈكىگە قارىلىدۇ. بىرنەرسە كۆرۈلمەيدۇ. ۋەھالەنكى ئوق ھەقىقەتەنمۇ يېن (ئۈچەيدىكى پوق) بىلەن قانغا تېگىپ، بەدىنىدىن تېشىپ ئۆتۈپ كەتكەن، ئۇلارنىڭ ئالامىتى: بىر جەينىكىنىڭ ئۈستىدە ئاياللارنىڭ ئەمچىكىدەك ياكى بىر پارچە گۆشتەك لىغىلداپ تۇرىدىغان ئۆسمىسى بار قارا تەنلىك بىر ئادەمدۇر، ئۇلار مۇسۇلمانلار جامائىتى بۆلۈنگەن چاغدا چىقىدۇ، — دېدى». ئەبۇ سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دېدى: «مەن بۇ ھەدىسنى ھەقىقەتەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئاڭلىغانلىقىمغا گۇۋاھلىق بېرىمەن. يەنە ئەلى ئىبنى ئەبى تالىبنىڭ ئۇلار بىلەن ئۇرۇشقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇرۇشقاندا مەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىدىم. ئەلى ئۆلۈكلەرنىڭ ئارىسىدىن ھېلىقى ئادەمنى ئېلىپ كېلىشكە بۇيرۇۋىدى، ئىزدەپ تېپىلىپ كەلتۈرۈلدى. مەن ئۇنىڭ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سۈپەتلەپ بەرگەن سۈپەتنىڭ دەل ئەينى بويىچە ئىكەنلىكىنى كۆردۈم». قاراڭ: بۇخارىي (3610)؛ مۇسلىم (1064).
18. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (3611)؛ مۇسلىم (2511).
19. ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ خاۋارىجلار بىلەن قىلغان مۇنازىرىسى:
ئەبۇ زۇمەيل رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما بىزگە مۇنداق سۆزلەپ بەرگەن: ‹ھەرۇرىيلار توپىلاڭ كۆتۈرگەن ۋاقىتتا، ئۇلار بىر يەرگە يىغىلدى. ئۇلار ئالتە مىڭ كىشى ئىدى. مەن ئەلىينىڭ يېنىغا كېلىپ:
— ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! پېشىننى ھاۋا سەل سالقىندىغاندا ئوقۇغايلا، چۈنكى مەن ئاشۇ كىشىلەرنىڭ قېشىغا بېرىپ سۆزلىشىپ كېلىمەن، — دېگەنىدىم، ئۇ:
— مەن ساڭا (زەرەر يېتىشتىن) قورقۇپ قالىمەن، — دېدى.
— ياق ئۇنداق بولمايدۇ›.
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېدى: ‹مەن ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىش ئۈچۈن چىقتىم ۋە يەمەننىڭ تونلىرىدىن ئەڭ چىرايلىق تونىنى كىيدىم›». ئەبۇ زۇمەيل مۇنداق دېدى: «ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما چىرايلىق ۋە ئاۋازى ئۈنلۈك كىشى ئىدى. ئىبنى ئابباس (سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ) مۇنداق دېدى: ‹مەن ئۇلارنىڭ يېنىغا كەلدىم. ئۇلار بولسا ئۆزلىرىنىڭ تۇرالغۇسىدا يىغىلىپ، چۈشلۈك دەم ئېلىپ تۇرغان ئىكەن. مەن ئۇلارغا سالام قىلغان ئىدىم، ئۇلار:
— ئى ئىبنى ئابباس! سېنى قارشى ئالىمىز، (ئۈستۈڭدىكى) بۇ نېمە تون؟ — دېدى. مەن:
— ماڭا نېمىنى ئەيىبلەيسىلەر، چۈنكى مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۈستىدە ئەڭ چىرايلىق توننى كۆرگەن ئىدىم، ھالبۇكى ﴿ئېيتقىنكى، ”ئاللاھ بەندىلىرى ئۈچۈن چىقىرىپ بەرگەن زىبۇزىننەتلەرنى، شېرىن، پاك رىزىقلارنى كىم ھارام قىلدى؟“﴾(7/«ئەئراف»: 32) دېگەن ئايەت نازىل بولغان تۇرسا، — دېدىم.
— نېمە سەۋەبتىن كەلدىڭ؟
— مەن يېنىڭلارغا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇھاجىر ۋە ئەنسارلاردىن ئىبارەت ساھابەلىرىنىڭ يېنىدىن ئۇلار ئېيتقان سۆزلىرىنى سىلەرگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن كەلدىم. چۈنكى، قۇرئان ئۇلارنىڭ ئۈستىگە (يەنى، ئۇلار ياشىغان مەزگىلدە) نازىل بولدى. ئۇلار ۋەھىينى سىلەردىن ئوبدان بىلگۈچىدۇر. ئۇلاردىن سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردا بىرسىمۇ يوق.
ئۇلارنىڭ بەزىلىرى:
— قۇرەيشلىك بىلەن جېدەللەشمەڭلار، چۈنكى ئاللاھ تائالا: ﴿بەلكى ئۇلار جېدەلخور قەۋمدۇر﴾(43/«زۇخرۇف»: 58) دېگەن، — دېيىشتى›. ئىبنى ئابباس مۇنداق دېدى: ‹مەن شۇنداق بىر كىشىلەرنىڭ يېنىغا كەلدىمكى، ئۇلاردەك قاتتىق ئىجتىھاد قىلىدىغان، ئۇيقۇسىزلىقتىن چىرايلىرى ئۆزگىرىپ كەتكەن، قوللىرى ۋە تىزلىرى قاپىرىپ كەتكەن كىشىلەرنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم، (يەنى ئۇلار كېچىلىرى قىيامدا تۇرۇپ، كۈندۈزلىرى روزا تۇتاتتى، ھەتتاكى بۇنىڭ تەسىرى ئۇلارنىڭ بەدەنلىرىدە ۋە تاشقى قىياپەتلىرىدە كۆرۈلىدىغان بولغان ئىدى (لېكىن، ئۇلارنىڭ قەلبلىرى ۋە ئەقىللىرى ئىلىمدىن ۋە ئىلىم ئەھلىدىن يىراق ئىدى). ئۇ يەرگە ھازىر بولغانلار بىر ئاز يىراقلاشتى ۋە ئۆزئارا: ”ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلىشىپ نېمە دەيدىغانلىقىغا قاراپ باقايلى“ دېيىشتى. مەن:
— ماڭا ئېيتىڭلارچۇ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تاغىسىنىڭ ئوغلى ھەم كۈيئوغلىنىڭ، شۇنداقلا مۇھاجىرلار ۋە ئەنسارلارنىڭ قايسى ئىشىدىن نارازى بولدۇڭلار؟ — دېدىم. ئۇلار:
— ئۈچ ئىشىدىن، — دېدى.
— ئۇلار قايسىلار؟
— ئۇلارنىڭ بىرى، شەكسىزكى، ئۇ (ئەلى) ئاللاھ تائالانىڭ ئىشىدا ئەرلەرنى ھۆكۈم قىلدۇردى. ھالبۇكى، ئاللاھ تائالا: ﴿بارچە ھۆكۈم ئاللاھقا خاس﴾(6/«ئەنئام»: 57) دېگەن تۇرسا، ئەرلەرنىڭ ھۆكۈم بىلەن نېمە ئىشى؟! (يەنى ئۇلار بۇ ئارقىلىق ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۆزى بىلەن مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئارىسىدا ساھابەلەرنىڭ ھۆكۈم چىقىرىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلغانلىقىغا ئېتىراز بىلدۈردى).
— بۇ بىرسى.
— يەنە بىرى، ئۇ (ئەلى) ئۇرۇش قىلدىيۇ، ئەسىر ۋە غەنىيمەت ئالمىدى. دېمەككى، ئۇ كافىرلار بىلەن ئۇرۇش قىلغان بولسا، ئۇلارنىڭ ئەسىرلىرى ۋە غەنىيمەتلىرى ھالال بولىدۇ. ئەگەر ئۇلار (ئۇرۇش قىلىنغانلار) مۇئمىن بولسا، ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلىش ھالال بولمايدۇ.
— بۇ ئىككى، ئۈچىنچىسى نېمە؟
— ئۇ (ئەلى) ئۆزىنى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرلىكىدىن ئۆچۈرۈۋەتتى. ئۇنداقتا، ئۇ كافىرلارنىڭ ئەمىرىدۇر.
— سىلەرنىڭ يەنە باشقا سوئالىڭلار بارمۇ؟
— بىزگە مۇشۇلار كۇپايە.
مەن ئۇلارغا مۇنداق دېدىم:
— ئېيتىپ بېقىڭلار، مەن سىلەرگە ئاللاھ تائالانىڭ كىتابىدىن ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىدىن سىلەرنىڭ سۆزۈڭلارنى رەت قىلىدىغان نەرسىنى ئوقۇپ بەرسەم، رازى بولامسىلەر؟
— شۇنداق (رازى بولىمىز) — دېدى ئۇلار.
— سىلەرنىڭ: ”ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئىشىدا ئەرلەرنى ھۆكۈم قىلدۇردى“ دېگەن سۆزۈڭلارغا كەلسەك، مەن سىلەرگە ئاللاھ تائالانىڭ ئوۋ ھايۋانلىرىدىن توشقان ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ھايۋانلاردا، بىر دىرھەمنىڭ تۆتتىن بىرىنى ئەرلەرنىڭ ھۆكۈم قىلىشىغا قويغانلىقىنى ئوقۇپ بېرىمەن. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئى مۇئمىنلەر! سىلەر ئوۋلىغان ھايۋانلارنى ئىھرامدا ياكى ھەرەمدە تۇرۇپ ئۆلتۈرمەڭلار. سىلەردىن كىمكى ئۇنى قەستەن ئۆلتۈرىدىكەن، ئىشنىڭ ۋابالىنى تېتىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ جازاسى ئىچىڭلاردىن ئىككى ئادىل كىشىنىڭ باھالىشى بويىچە ھېلىقى ئۆلتۈرۈلگەن ئوۋغا ئوخشاش ئۆي ھايۋانلىرىدىن بىرنى كەئبىگە ئېلىپ بېرىپ قۇربانلىق قىلىشتۇر﴾(5/«مائىدە»: 95). دېمەك، سىلەردىن ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم سورايمەنكى، ئەرلەرنىڭ چىقارغان ھۆكمى توشقان ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئوۋ ھايۋانلىرىدا ئەۋزەلمۇ ياكى كىشىلەرنىڭ قانلىرىنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئىسلاھ قىلىش بارىسىدا ئەۋزەلمۇ؟ بىلىشىڭلار كېرەككى، ئاللاھ تائالا ئەگەر خاھلىسا، (بۇ مەسىلىلەردە) ئەرلەرنىڭ ھۆكۈم چىقىرىشىغا تاشلاپ قويماي، ئۆزى ھۆكۈم چىقارغان بولاتتى. ئايال كىشى ۋە ئۇنىڭ ئېرى ھەققىدىمۇ ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئەگەر ئەر – خوتۇن ئىككىيلەننىڭ ئىناقسىز بولۇپ قېلىشىدىن قورقساڭلار، ئەرنىڭ تۇغقانلىرىدىن ھۆكۈم قىلىپ قويىدىغان بىر كىشىنى، خوتۇننىڭ تۇغقانلىرىدىن ھۆكۈم قىلىپ قويىدىغان بىر كىشىنى ئەۋەتىڭلار، ئاللاھ ئەگەر بۇ ئىككى كىشىنى ئەپلەشتۈرۈشنى خاھلىسا، ئەر – خوتۇن ئىككىسىنىڭ ئارىسىغا ئىناقلىق سالىدۇ﴾(4/«نىساﺋ»: 35). دېمەك، ئاللاھ تائالا ئەرلەرنىڭ ھۆكمىنى ئىشەنچىلىك يول قىلدى. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلدىممۇ؟
— شۇنداق (ھەل قىلدىڭ).
— ئەمدى سىلەرنىڭ: ”ئۇ (ئەلى) ئۇرۇش قىلدىيۇ، ئەسىر ۋە غەنىيمەت ئالمىدى“ دېگەن سۆزۈڭلارغا كەلسەك، سىلەر ئاناڭلار ئائىشەنى ئەسىر ئالامسىلەر، ئاندىن ئۇنىڭ غەيرىگە ھالال سانالغان ئىشلارنى ئۇنىڭغا ھالال سانامسىلەر؟ ئەگەر شۇنداق قىلساڭلار كافىر بولىسىلەر، چۈنكى ئۇ سىلەرنىڭ ئاناڭلاردۇر. ئەگەر ئۇ (ئائىشە) بىزنىڭ ئانىمىز ئەمەس، دېسەڭلار يەنە كافىر بولىسىلەر. چۈنكى، ئاللاھ تائالا: ﴿پەيغەمبەر مۇئمىنلەرگە ئۇلارنىڭ ئۆز نەپسىلىرىدىنمۇ چارىدۇر، پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى ئۇلارنىڭ ئانىلىرىدۇر﴾(33/«ئەھزاب»: 6) دېگەن. دېمەك، سىلەر ئىككى ئازغۇنلۇقنىڭ ئارىسىدا تۇرۇۋاتىسىلەر، بۇ ئىككى ئازغۇنلۇقنىڭ قايسىبىرىنى تۇتساڭلار، ئازغۇنلۇققا پاتىسىلەر — دېگىنىمدە، ئۇلار بىر – بىرىگە قاراشتى. مەن:
— بۇ مەسىلىنى ھەل قىلدىممۇ؟ — دېدىم. ئۇلار:
— شۇنداق (ھەل قىلدىڭ)، — دېيىشتى.
— ئەمدى سىلەرنىڭ: ”ئۇ (ئەلى) ئۆزىنىڭ ئىسمىنى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرلىكىدىن ئۆچۈرۈۋەتتى“ دېگەن سۆزۈڭلارغا كەلسەك، مەن سىلەرگە سىلەر رازى بولىدىغان زاتنىڭ ئىشىنى پاكىت قىلىپ كەلتۈرىمەن. سىلەر ئاڭلىغان بىر ئىش، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھۇدەيبىيە كۈنى سۇھەيل ئىبنى ئەمر، ئەبۇ سۇفيان ئىبنى ھەربلەر بىلەن كېلىشىمنامە يېزىشقاندا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرىگە: ”ئى ئەلى: بۇ ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەدنىڭ تۈزگەن سۈلھىسىدۇر، دەپ يازغىن“ دېدى. مۇشرىكلار: ”ياق، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز سېنىڭ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىڭنى بىلمەيمىز، ئەگەر سېنىڭ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىڭنى بىلگەن بولساق سەن بىلەن ئۇرۇش قىلمىغان بولاتتۇق“ دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېدى: ”ئى ئاللاھ! شەكسىزكى، سەن مېنىڭ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىمنى بىلىسەن، ئى ئەلى! بۇ مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھنىڭ تۈزگەن سۈلھىسىدۇر“ دەپ يازغىن.
دېمەك، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئەلۋەتتە ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبىرى ئەلىدىن ياخشىدۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆزىدىن پەيغەمبەرلىكنى (ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى دېگەن نامنى) ئېلىۋەتكەن چاغدا، ئۆزىنى پەيغەمبەرلىكتىن چىقىرىۋەتكەن بولمىدى›.
ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېدى: ‹ئۇ كىشىلەردىن ئىككى مىڭ كىشى قايتىپ كەتتى. قالغانلىرى ئازغۇن ھالىتىدە ئۆلتۈرۈلدى›». بۇ ۋەقەلىكنى ئىمام ئابدۇرراززاق (18678)، ھاكىم («ئەلمۇستەدرەك»، 2656) رىۋايەت قىلغان. ھاكىم: «ئىمام مۇسلىم شەرتى بويىچە سەھىھ» دېگەن.
20. بەيھەقىي: «ئەسسۈنەنۇل كۇبرا»، 8/184.
21. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (3609)؛ مۇسلىم (5205).
22. ئەھمەد، (20190). ھاكىم: «سەھىھ» دېگەن.
23. ئەبۇ داۋۇد (4242)؛ تىرمىزىي (2219). تىرمىزىيمۇ: «ھەسەن سەھىھ» دېگەن.
24. ئەھمەد (23406). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەنەدى سەھىھ» دېگەن.
25. دەججال ۋە ئىيسا ئەلەيھىسسالام توغرىسىدىكى مەزمۇنلار «قىيامەتنىڭ چوڭ ئالامەتلىرى» دېگەن بۆلەكتىكى (1) -، (2) – نومۇرلۇق ئالامەتلەر دېگەن ئورۇندا تىلغا ئېلىنىدۇ.
26. ئەھمەد (8819). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەنەدى سەھىھ» دېگەن.
27. كۇفەگە ئۈچ مىل كېلىدىغان ئىراقتىكى بىر شەھەر.
28. بۇخارىي (3595).
29. مەھدىي ۋە ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ئائىت مەزمۇنلار كىچىك ئالامەتلەردىن 131 – نۇمۇرلۇق ئالامەت بىلەن چوڭ ئالامەتلەردىن 2 – نومۇرلۇق ئالامەت تېمىلىرىدا تەپسىلىي بايان قىلىنىدۇ.
30. «بۇسرا» ھازىرقى سۈرىيەنىڭ «ھۇران» شەھىرى.
31. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (7118)؛ مۇسلىم (2902).
32. ئىبنى كەسىر: «ئەلبىدايە ۋەننىھايە»، 13/199.
33. مىلادىيە 1256 – يىلى، 5 – ئاينىڭ 29 – كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.
34. قۇرتۇبىي: «ئەتتەزكىرە»، 527 – بەت.
35. تۈركلەر 22 قەبىلە بولۇپ، زۇلقەرنەين 21 قەبىلىگە توساق بىنا قىلىپ، بىر قەبىلىنى يەنى «تۈرك»لەرنى تاشلاپ قويغان. ئۇلار زۇلقەرنەيىننىڭ توسىقى سىرتىدا تەرك قىلىنىپ، باشقا قەبىلىلەر بىلەن بىرگە توسۇۋېتىلمىگەنلىكى ئۈچۈن «تۈرك (تاشلانغان، تەرك ئېتىلگەن)لەر» دەپ ئاتالغان.
36. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (2928)؛ مۇسلىم (5184).