بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَنِ الرَّحِيمِ
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن
كىرىش سۆز
بارلىق ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا بولسۇن! ئەڭ ئالىي ۋە ئەڭ گۈزەل دۇرۇد – سالاملىرىمىز ئەلچىلەرنىڭ سەردارى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە بارلىق ساھابەلىرىگە بولسۇن!
مەقسەتكە كەلسەك، كۆرۈپ تۇرغىنىمىزدەك، كېيىنكى ۋاقىتلاردا بەئەينى ياقىلار ئېتەك، ئېتەكلەر ياقا بولۇپ قالغاندەك، مەتبۇئاتتا بولسۇن، تور دۇنياسىدا بولسۇن، ئاتالمىش كېلەچەك ۋەقەلەرگە ئىشارەت قىلىدىغان، قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئايەت – ھەدىسلەر ئاساس قىلىنغان ھەر خىل توقۇلما سېنارىيەلەر، ئىغۋالار كۆزگە چېلىقىشقا باشلىدى.
ئىسلام ۋە مۇسۇلمان ئالەمىگە كېلىۋاتقان سىناقلار كۈچەيگەنسېرى كىشىلەر مەلۇم چىقىش يولى ۋەياكى خىلمۇخىل قۇتۇلۇش يوللىرىنى ئىزدەشمەكتە. بەلكىم، سىزمۇ بەزىدە «مەھدىي چىقىشقا ئاز قاپتۇ» دېگەن خەبەرنى ئاڭلىسىڭىز، بەزىدە «يەھۇدىي ۋە خرىستىيانلار ھەققىدىكى چوڭ ھادىسەلەر يۈز بېرىشكە ئاز قېلىۋاتقانلىقىنى»، يەنە بەزىدە «مەشرىق ياكى مەغرىبنىڭ ئاللىقانداق بىر يېرىدە يەر يۇتۇش ھادىسەسى يۈز بېرىپتۇ» دېگەندەك سۆز – چۆچەك، ھەر خىل گەپ – سۆزلەرنى ئاڭلاۋاتقانسىز. ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام، تېخى يېقىندىلا ئافرىقىدىكى مەلۇم بىر دۆلەتكە قىلغان زىيارىتىمدە، بىر زاتنىڭ شۇ يەردىكى خەلق ئىچىدە ئۆزىنى ئاسماندىن چۈشكەن مەريەم ئوغلى ئىيسا، دەپ دەۋا قىلغان ئىشلارنىڭ بولغانلىقىغىمۇ شاھىد بولدۇم.
شۇنىڭ بىلەن «قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى ھەققىدە چوقۇم چۈشەنچە بېرىش ۋە بۇ ئالامەتلەرنىڭ مەنىسى، ئېنىقلىمىسى قاتارلىقلار ئۈستىدە مەخسۇس توختىلىش كېرەك ئىكەن» دېگەن قارارغا كەلدىم ۋە نەتىجىدە قولىڭىزدىكى بۇ كىتاب پۈتۈپ چىقتى.
مەن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن كىتابنى نەشر قىلىشتىن ئاۋۋال ئوقۇپ چىقىپ ئۆزلىرىنىڭ قىممەتلىك مۇلاھىزە، تەكلىپ ۋە پىكىرلىرىنى ئايىمىغان پەزىلەتلىك شەيخ سالمان ئىبنى فەھد ئەلئەۋدە، دوكتور ئابدۇلئەزىز ئال ئابدۇللەتىف، شەيخ مۇھەددىس ئابدۇلئەزىز ئەتتەرىيفىي ۋە باشقا قېرىنداشلارغا ئالاھىدە تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن.
ئاللاھ تائالادىن بۇ كىتابنى مەنپەئەتلىك ۋە ئۆز رازىلىقى ئۈچۈن خالىس ئەجرلەر قاتارىدىن، ھەمدە قىيامەت كۈنى بىزنىڭ پايدىمىز ئۈچۈن شاھىد بولىدىغان مەنپەئەتلىك ئىلىم جۈملىسىدىن قىلىپ بېرىشىنى سورايمەن. ئامىن!
دوكتور مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇرراھمان ئەلئەرىيفىي
پادىشاھ سەئۇد ئۇنىۋېرسىتېتى، ئەقىدە ۋە ھازىرقى زامان دىن – ئېقىملار پەنلىرى پروفېسسورى،
ئىسلام تەشۋىقات مىنىستىرلىكى ئالىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى
ھ. 1431، مۇھەررەم / م. 2010، يانۋار
نېمە ئۈچۈن قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ قالىمىز؟
كىشى ئۆزى ئىزدىنىۋاتقان ۋە ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈگۈزۈۋاتقان ھەربىر ئىشىنىڭ چوقۇم مەلۇم نەتىجىسى ۋە مېۋىسىنى كۆرۈشى كېرەك.
ئۇنداقتا قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى ھەققىدە ئىزدىنىش ۋە ئۇلارنى بىلىپ چىقىش تۇرمۇشىمىزدا بىرەر پايدا ئېلىپ كېلەمدۇ؟ ياكى بۇلار كىشىنىڭ ھاياتىدا ھېچقانداق رېئال تەسىرى يوق، بەلكى بىلىم زاپىسىغا قوشۇلىدىغان مەلۇماتلاردىنلا ئىبارەتمۇ؟
جاۋاب شۇكى، قىيامەت ئالامەتلىرى قۇرئان ۋە سۈننەتتە ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىنسان ھاياتىغا ئېلىپ كېلىدىغان بىر قاتار پايدىلىرى بار. بۇلار:
1. ئىماننىڭ ئالتە ئاساسىدىن بىرى بولمىش غەيبكە ئىمان كەلتۈرگەنلىكنى ئىسپاتلاش. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئۇلار غەيبكە ئىشىنىدۇ، نامازنى ئادا قىلىدۇ﴾(2/«بەقەرە»: 3).
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مەن كىشىلەر بىلەن تاكى ئۇلار ‹بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسى› دەپ شاھادەت ئېيتمىغۇچە، ناماز ئوقۇمىغۇچە ۋە زاكات بەرمىگۈچە جىھاد قىلىشقا بۇيرۇلدۇم، ئەگەر ئۇلار شۇ ئىشلارنى قىلسا مەندىن قانلىرىنى ۋە ماللىرىنى ساقلاپ قالىدۇ، شەرىئەت ھەققى بىلەن بولسا بۇنىڭ سىرتىدا. كۆرۈنۈشتە مۇسۇلمان بولۇۋالغان بولسا، ھېسابىنى ئاللاھ ئۆزى ئالىدۇ»(1).
غەيبكە ئىمان ئېيتىش ـــــ ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى خەبەر بەرگەن، بىز بىلگەن ياكى بىلمىگەن جىمى ئىشلار ئۈزرە ئايەت ۋە سەھىھ ھەدىسلەردە كەلگەن بارلىق نەرسىلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش دېگەنلىكتۇر. بىز بۇنى ھەق ۋە راست دەپ بىلىمىز. ئەنە شۇلارنىڭ قاتارىدا قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىمۇ بار بولۇپ، بۇلار: دەججالنىڭ چىقىشى، ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ زامان ئاخىرىدا چۈشۈشى، يەئجۇج – مەئجۇجنىڭ چىقىشى، نامەلۇم بىر ھايۋاننىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى، قۇياشنىڭ مەغرىبتىن چىقىشى ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان نەقىل ئارقىلىق سەھىھلىكى ئېنىق بولغان مەسىلىلەر… قاتارلىقلارغا ئوخشاشتۇر.
2. قىيامەتنىڭ ئالدىن يۈز بېرىدىغان ئالامەتلىرىنى بىلىش نەپسنى ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش ۋە قىيامەتكە ھازىرلىق كۆرۈشكە ئۈندەيدۇ. غاپىللارنىڭ قەلبىنى ئويغىتىپ، ئۇلارنى تەۋبىگە ئالدىراشقا ۋە دۇنياغا بېرىلمەسلىككە رىغبەتلەندۈرىدۇ؛ دەرۋەقە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قىيامەت ئالامەتلىرىدىن بىرىنىڭ يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلگىنىدە، ئەتراپىدىكىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيەلىرىمۇ ئەنە شۇ جۈملىدىندۇر. «سەھىھەين»دە كەلگەن ھەدىستە (مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى زەينەب رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىدۇكى): «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر كېچىسى ئورنىدىن تۇرۇپ:
— لا ئىلاھە ئىللاللاھ! ئەرەبلەرگە يېقىنلاپ كېلىۋاتقان يامانلىقتىن ۋاي! بۈگۈن يەئجۇج ـ مەئجۇجنىڭ توسمىسىدىن مۇنچىلىك ئېچىلىپ كەتتى، — دەپ كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن باش بارمىقىنى ھالقا قىلدى. مەن:
— ئى رەسۇلۇللاھ! ئارىمىزدا ياخشى كىشىلەر تۇرسىمۇ ھالاك بولامدۇق؟ — دەپ سورىسام:
— ئەگەر يامان ئىش كۆپىيىپ كەتسە، چوقۇم شۇنداق بولىدۇ، — دەپ جاۋاب بەردى»(2). يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «سۇبھانەللاھ! بۈگۈن نېمە دېگەن كۆپ ئازاب چۈشۈرۈلدى. نېمە دېگەن كۆپ خەزىنىلەر ئېچىلدى. ھۇجرىلاردىكى ئاياللارنى ئويغىتىڭلار، دۇنيادا كىيىم كىيگەن نۇرغۇن خوتۇنلار ئاخىرەتتە قىپيالىڭاچ بولۇپ قالىدۇ» دېدى(3).
3. قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىگە دائىر خەبەرلەردە بىر قىسىم شەرئىي ھۆكۈملەر ۋە فىقھىي مەسىلىلەرنىڭ بايانى بار. مەسىلەن، دەججالنىڭ يەر يۈزىدە تۇرۇش مۇددىتى ھەققىدىكى قىسسەدە ئۇنىڭ (يەر يۈزىدە تۇرىدىغان كۈنلەرنىڭ ئىچىدىكى) بىر كۈنىنىڭ بىر يىلغا، يەنە بىر كۈنىنىڭ بىر ئايغا تەڭ بولىدىغانلىقى خەبەر قىلىنغان بولۇپ، ساھابەلەر پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە دەججالنىڭ زېمىندا تۇرغۇسى كېلەچەك ئۇزۇن كۈنلەر توغرۇلۇق مۇنداق سوئال قويىدۇ:
— بىر يىلغا ئوخشاش بولغان بىر كۈندە بىر كۈنلۈك نامىزىمىز كۇپايە بولامدۇ؟
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇنىڭغا جاۋابەن:
— ياق، ھەرگىز كۇپايە بولمايدۇ، ۋاقىت – سائەتنى مۆلچەرلەڭلار! — دەپ جاۋاب بېرىدۇ(4).
بۇنىڭدىن بىز ئايلاپ كېچە بولىدىغان، ئايلاپ كۈندۈز بولىدىغان شەھەرلەردە ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ قانداق ناماز ئوقۇيدىغانلىقى ھەققىدىكى ھۆكۈملەرنى بىلىۋالالايمىز.
4. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىنى بىلىشى پەرەز ياكى تەخمىن قىلىش ئارقىلىق بىلگىلى بولمايدىغان غەيبكە ئالاقىدار ئىشلار جۈملىسىدىندۇر؛ مانا بۇ ئۇ زاتنىڭ پەيغەمبەرلىكىنىڭ راستلىقى ۋە ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە دەلىلدۇر. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئاللاھ غەيبنى بىلگۈچىدۇر، ئۆزىنىڭ غەيبىدىن ھېچبىر ئادەمنى خەبەردار قىلمايدۇ. پەقەت ئاللاھ ئۆزى مەمنۇن بولغان پەيغەمبىرىگىلا (بەزى غەيبنى بىلدۈرىدۇ)، ئۇنىڭ ئالدىغا ۋە ئارقىسىغا كۆزەتچى (پەرىشتە) سېلىپ قويىدۇ﴾(72/«جىن»: 26، 27).
5. قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىنى بىلىشىمىز بۇ مەسىلىلەردە شەرىئەتنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى ئۆگىتىدۇ. بۇمۇ بىزنىڭ مەزكۇر مەسىلىلەرگە يولۇققاندا قايمۇقۇپ قالماسلىقىمىز ئۈچۈندۇر. مەسىلەن، دەججال ھەققىدە بىزگە يەتكەن تەپسىلىي خەبەرلەر، يەنى ئۇنىڭ كۆزى ۋە پېشانىسى توغرىسىدىكى سۈپەتلەر ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن يۈز بېرىدىغان ئىشلار ھەققىدىكى ئىزاھاتلار بۇنىڭ دەلىلى بولۇپ، بۇلار ئارقىلىق ئۇنىڭ فىتنەسىگە چۈشۈپ قالماستىن، بەلكى ئۇنىڭ دەججاللىقىنى بىلىۋالالايمىز.
6. كىشى قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىنى بىلگەن ۋاقىتتا، كېلەچەكتە يۈز بېرىدىغان ئىشلارغا قارىتا تۇيۇقسىز ۋەقەلەرنىڭ دەل ئەكسىچە، روھىي جەھەتتىن ئالدىن تەييارلىق قىلىۋالالايدۇ؛
7. ئۈمىد دەرۋازىسى ئېچىلىدۇ؛ چۈنكى، قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى ئىچىدە ئىسلامنىڭ غەلىبە قىلىدىغانلىقى، زېمىننىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارايدىغانلىقى، يەھۇدىي ۋە خرىستىيان دىنلىرىنىڭ يوقىلىدىغانلىقى قاتارلىق مەلۇماتلار بار. مانا بۇ ئىسلامنىڭ سەلتەنەت سۈرىدىغانلىقى، كافىرلار ياقتۇرمىغان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭ بارلىق دىنلار ئۈستىدىن غالىب كېلىدىغانلىقى ھەققىدىكى پەيغەمبەر بېشارەتلىرىدە كەلگەن مەزمۇنلارغا ئاساسلانغانلىقىدىندۇر.
8. ئىنساننىڭ تەبىئىتىدىكى غەيبىي ئىشلارنى ۋە كېلەچەكتە يۈز بېرىدىغان ۋەقە ۋە ھادىسەلەرنى بىلىشكە ئىنتىلىپ تۇرىدىغان قىزىقىشى بۇ ھەقتە كەلگەن راست خەبەرلەرنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى بىلەن قاندۇرۇلىدۇ؛
بۇنداق دېيىشىمىز، ئىسلام دىنى مۇنەججىملىك، رەمچىلىك، كاھىنلىق ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ۋاسىتىلەر ئارقىلىق غەيبنى بىلىدىغانلىقلىرىنى دەۋا قىلىشىدىغان دەججاللارنىڭ يولىنى ئەتكىنى بىلەن، قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىن ئىبارەت كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان ھادىسەلەرنىڭ نۇرغۇنلىرىنى ۋەھيى ئارقىلىق خەبەر قىلدى.
9. قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىگە ئىشىنىش ئىماننى كۈچەيتىدۇ ۋە زىيادە قىلىدۇ. دېمەك، بۇ خىل ئالامەتلەرنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقى سىز ئېتىقاد قىلىۋاتقان دىننىڭ ھەق دىن ئىكەنلىكىنىمۇ تەكىتلەيدۇ.
يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە ئۇشبۇ ئالامەتلەرنىڭ تۇرمۇشىمىزغا تەسىر كۆرسىتىدىغان باشقا پايدىلىرىمۇ بار، ئەلۋەتتە!
قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى بىلەن مۇئامىلە قىلىشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك قائىدە – پرىنسىپلار
ئالىملار قەدىمدىمۇ، دەۋرىمىزدىمۇ قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى ھەققىدە كۆپ ئەسەرلەرنى يېزىپ كەلدى. بۇ ئىش ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتىدۇ. ئۇندىن باشقا يەنە تېلېۋىزىيە ۋە رادىئو پىروگراممىلىرىدا، ئىنتېرنېت سەھىپىلىرىدە قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى ئۈستىدە پات – پات توختالماقتا. بۇنىڭغا ئەگىشىپ قىيامەت ئالامەتلىرى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈۋاتقانلار ئايەت ۋە ھەدىسلەر ھەققىدە بەزى ناتوغرا ئىدىيەلەر، پىكرىي قالايمىقانچىلىقلارنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقىشتىن ساقلىنالمىدى. شۇڭلاشقا مەن بۇ يەردە قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى ۋە بۇ ھەقتىكى دىنىي بايانلار توغرۇلۇق ھەپىلىشىۋاتقانلار دىققەت قىلىشى كېرەك بولغان بىر قىسىم قائىدە – پرىنسىپلار ھەققىدە توختالماقچىمەن.
1. دەلىلگە ئاساسلىنىشتا پەقەت «قۇرئان كەرىم» ۋە سەھىھ ھەدىسكىلا تايىنىش لازىم
چۈنكى، «قۇرئان كەرىم» ۋە سەھىھ ھەدىسلەر غەيبنى بىلىشتىكى ئاساسىي مەنبەدۇر. ﴿ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم غەيبنى بىلمەيدۇ، ئۇلار (يەنى خالايىق) قاچان تىرىلىدىغانلىقلىرىنى بىلمەيدۇ﴾(27/«نەمل»: 65)، ﴿ئاللاھ غەيبنى بىلگۈچىدۇر، ئۆزىنىڭ غەيبىدىن ھېچبىر ئادەمنى خەبەردار قىلمايدۇ. پەقەت ئاللاھ ئۆزى مەمنۇن بولغان پەيغەمبىرىگىلا (بەزى غەيبنى بىلدۈرىدۇ)﴾(72/«جىن»: 26، 27).
دېمەك، ئاللاھ تائالا بەزىدە پەيغەمبىرى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە «دىنىي جەھەتتىن پايدىلىق» دەپ قارالغان غەيبىي ئىشلاردىن خەبەر بېرىدۇ. بۇ خەبەرلەر جۈملىسىدىن كەلگۈسىگە دائىر غەيب مەسىلىلىرى بولغان قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىمۇ بار بولۇپ، قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىنى دەلىلسىز ھالدا «تەۋرات»، «ئىنجىل» قىسسەلىرى ئارقىلىق، چۈش ۋەياكى سىياسىي ۋەقەلەر ئاساسىدا يۈز بەرگەن ئىشلار ئارقىلىق بىلمەكچى بولۇش ئەسلا توغرا ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن، مەيلى بۇ ھەقتىكى خەبەرلەر پەيغەمبەرگە مەنسۇپ قىلىنغان بولسۇن ياكى بىرەر ساھابەدىن كەلگەن بولسۇن، چوقۇم سەھىھلىكى دەلىللەنگەن بولۇشى كېرەك. چۈنكى، «قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى» دەپ قارالغان بىر قىسىم ئىشلار ئەمەلىيەتتە فىتنە تارقىتىشقا يوچۇق ئېچىپ بەرگەن بولسا، يەنە بىر قىسىملىرى شۇ خىلدىكى كىتابلارنىڭ بازىرىنى چىقىرىش، ئوقۇرمەنلەرنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن سەھىھلىك دەرىجىسىگە يەتمىگەن، ئەكسىچە سەھىھ ھەدىسلەرنىڭ بايانلىرىغا زىت كېلىدىغان خەبەرلەرنى، ئويدۇرما، خىيالىي ۋە فانتازىيەلىك توقۇلمىلارنى كۆپلەپ بايان قىلىش ئارقىلىق تىجارەت قورالىغا ئايلاندى… بۇ ھەقتە ئۆزۈم ئوقۇغان ئەڭ قىزىقارلىق مەزمۇنلاردىن مەلۇم بىر يازارمەننىڭ يازغانلىرىنى مىسال قىلسام، ئۇ ئۆز ئەسىرىدە مۇنۇلارنى يازىدۇ: «ئىستانبۇلدىكى تۈرك كۇتۇبخانىسىنىڭ ئىسلامچە كىتابلار بۆلۈمىدە ھىجرىيە ئۈچىنچى ئەسىرگە تەۋە نادىر قوليازمىلاردا ئەبۇ ھۇرەيرە، ئىبنى ئابباس ۋە ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇم قاتارلىقلار رىۋايەت قىلغان نۇرغۇن ھەدىسلەر خاتىرىلەنگەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ باشقىلارغا سۆزلەپ بېرىشتىن ئەنسىرىگەن، ئەمما ئۆلۈپ كېتىشتىن ئاۋۋال ئىلىمنى يوشۇرغانلىق گۇناھى ئارتىلىپ قېلىشتىن قورقۇپ رىۋايەت قىلىپ بەرگەن بىر ھەدىس بار بولۇپ، ئۇ ئەتراپىدىكىلەرگە:
— مەن ئاخىر زاماندا يۈز بېرىدىغان ئۇرۇشلاردىكى بەزى ئىشلاردىن خەبەردارمەن، — دەيدۇ. ئەتراپىدىكىلەر ئۇنىڭغا:
— ئاللاھ سېنى ياخشىلىق بىلەن مۇكاپاتلىسۇن! بىزگە ئېيتىپ بەرسەڭ، ھېچ گەپ بولماس، — دېگەندە، ئۇ مۇنداق دېگەن:
— ھىجرەتتىن ئون ئۈچ ئەسىر ئۆتۈپ ئارىدىن بەش، ئالتە يىل ئۆتكەندە ‹ناسىر› ئىسىملىك بىر كىشى مىسىرنى سورايدۇ. ئەرەبلەر ئۇنى ‹ئەرەبنىڭ شىجائەتلىك كىشىسى› دەپ چاقىرىشىدۇ. ئاللاھ ئۇنى مەلۇم بىر ئۇرۇشتا غەلىبىگە ئېرىشتۈرمىگەندىن باشلاپ ئۇ ھېچ غەلىبە قىلالمايدۇ. ئاندىن ئاللاھ ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئايلاردىن بىرىدە مىسىرغا ئۆزىنىڭ ھەقىقىي غەلىبىسىنى ئاتا قىلىشنى خاھلايدۇ. ھالبۇكى، غەلىبە ئاللاھقا مەنسۇپتۇر. شۇنىڭ بىلەن بەيتۇللاھنىڭ ۋە ئەرەبلەرنىڭ رەببى بولغان زات مىسىرغا قوڭۇر رەڭلىك قوماندان (سادات)نى رەھبەر قىلىشقا رازى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئاتىسى بولسا چىراي جەھەتتە ئۇنىڭدىنمۇ نۇرلۇقراق (ئەنۋەر) بولسىمۇ، ئەمما ئۇ غەم – قايغۇ شەھرىدىكى مەسجىدى ئەقسا ئوغرىلىرىنىڭ ياخشىراقى ئىدى.
شامنىڭ ئىراق قىسمىدا سۇفيانىي ئىسىملىك زالىم كىشى بار. ئۇنىڭ بىر كۆزى ئازراق قىيسايغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى ‹قاتتىق زەربە بەرگۈچى (ساددام)› دېگەن سۆزدىن كەلگەن. ئۇ ئۆزىگە قارشى چىققانلارغا قاتتىق زەربە بېرىدۇ. مال – دۇنيا ئۇنىڭ بىر كىچىك قەلئەسىگە (كوت شەھىرىگە) توپلىنىدۇ. ئۇ قەلئەنىڭ ئىچى سىرلانغان بولۇپ، سۇفيانىيدىن ھېچ كىشىگە ئىسلامسىز ياخشىلىق كەلمەيدۇ. سۇفيانىي ھەم ياخشى، ھەم يامان كىشىدۇر. مەھدىيگە خىيانەت قىلغان كىشىنىڭ ھالىغا ۋاي!
ھىجرەتتىن ئون تۆت ئەسىر ئۆتۈپ ئارىدىن ئىككى ياكى ئۈچ يىل ئۆتكەندە مەھدىي چىقىدۇ ۋە يەر يۈزىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىگە قارشى ئۇرۇش ئاچىدۇ. ئازغانلار، لەنەتلەنگەردىلەر، مۇناپىقلار بولۇپ ھەممىسى ئۇنىڭ ئەتراپىغا يىغىلىدۇ. ئارماگېدون يېنىغا جايلاشقان ئىسرائ ۋە مىئراج شەھرىدە دۇنيانىڭ ۋە ھىيلە – مىكىرنىڭ خانىشى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئۇ بىر زىناخور خوتۇن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى ‹ئامېرىكا› دېيىلىدۇ. دۇنيا بۇ كۈندە ئازغۇنلۇق ۋە كۇفۇرغا غەرق بولىدۇ. بۇ ۋاقىتنىڭ يەھۇدىيلىرى بۇ كۈندە ئەڭ ئالىي مەرتىۋىدە بولىدۇ. ئۇلار قۇددۇس (پەلەستىن) نىڭ ۋە مەدىنە شەھرىنىڭ ھەممە يېرىنى ئالىقىنىغا ئېلىۋالىدۇ. ئۇلار قورقۇنچلۇق قار – مۇز شەھىرى بىلەن دەھشەتلىك پىژغىرىم شەھرىدىن باشقا دېڭىز ۋە ھاۋا يوللىرى ئارقىلىق شەھەرلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىگىلىۋالىدۇ.
مەھدىي چىققاندىن كېيىن دۇنيانىڭ ھىيلە – نەيرەڭگە تولۇپ كەتكەنلىكىنى، ئاللاھنىڭ ھەممىدىن غالىب ئىكەنلىكىنى كۆرىدۇ. ئۇ: ‹ھەربىر مەخلۇقنىڭ بارار جايى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر، دۇنيا بىر تۈپ دەرەخ بولسا، ئۇنىڭ شاخلىرى، يىلتىزى قوشۇلۇپ ھەممىسى ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر› دەپ قارايدۇ. ئاندىن ئاللاھ ئۇلارنى ئەڭ ۋەھشىي يول بىلەن جازالايدۇ – دە، زېمىن، دېڭىز ۋە ئاسماننى كۆيدۈرۈپ ئۇلار ئۈستىگە تاشلايدۇ. ئاسماندىن تاشلار يېغىشقا باشلايدۇ. يەر يۈزىدىكى بارلىق كافىرلار لەنەتكە ئۇچرايدۇ ھەمدە ئاللاھ كۇفۇرنى تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتۇۋېتىشكە ئىزنى قىلىدۇ»(5).
2. غەيب مەسىلىلىرىنى ئېنىقلاشتا ئىشەنچلىك ئالىملارغا مۇراجىئەت قىلىش لازىم
غەيبكە دائىر مەسىلىلەردە كۆڭلىگە بىرەر گۇمان چۈشۈپ قالغان كىشى مەسىلىنى بىرەر ئىلىم ئەھلىگە بايان قىلماي تۇرۇپ باشقىلارغا تارقىتىشتىن ساقلىنىشى لازىم. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئەگەر بىلمىسەڭلار، ئىلىم ئىگىلىرىدىن سوراڭلار! ﴾(21/«ئەنبىياﺋ»: 7)، ﴿ئەگەر ئۇلار مەسىلىنى پەيغەمبەرگە ۋە ئۇلار (مۇئمىنلەر) نىڭ ئىچىدىكى ئىش ئۈستىدىكىلەرگە مەلۇم قىلسا ئىدى، مەسىلىنىڭ ھەقىقىتىنى ئۇلاردىن ئەلۋەتتە بىلىۋالاتتى﴾(4/«نىساﺋ»: 83).
مانا بۇ سەلەف سالىھلارنىڭ تۇتقان يولى بولۇپ، ئۇلاردىن ئەبۇتتۇفەيل مۇنداق دەيدۇ: «مەن كۇفەدە ئىدىم. بىرى ماڭا: ‹دەججال چىقىپتۇ› دېدى. شۇنىڭ بىلەن بىز ھۇزەيفە ئىبنى ئەسىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قېشىغا كەلدۇق. ئۇ كەلگىنىمىزدە كىشىلەرگە ھەدىس سۆزلەپ بېرىۋاتقان ئىكەن. مەن ئۇنىڭغا:
— دەججال چىقىپتۇ، — دېدىم. ئۇ ماڭا:
— ئولتۇرغىن، — دېدى، مەن ئولتۇردۇم. ئاندىن يۇرت ئاقساقىلىمۇ كېلىپ ئۇنىڭغا دەججالنىڭ ئاشكارا بولغانلىقىنى، كۇفە ئەھلىنىڭ ئۇنى ئۆرە – تۆپە قىلىۋەتكەنلىكىنى ئېيتتى. ھۇزەيفە ئۇنىڭغىمۇ
— ئولتۇرغىن، — دېدى. ئۇمۇ ئولتۇردى. ئاندىن بىرى ئارقىلىق بۇ خەبەرنىڭ قىپقىزىل يالغان خەبەر ئىكەنلىكى ئېلان قىلىندى. بىز دېدۇقكى:
— ئى ھۇزەيفە! سەن بىزنى چوقۇم سەۋەبسىزلا ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلمىدىڭ. شۇنداق ئىكەن، بىزگە بۇ ھەقتە بىرەر نەرسە سۆزلەپ بەرسەڭ، — دېدۇق. ئۇ:
— شۈبھىسىزكى، ناۋادا دەججال راستتىنلا سىلەرنىڭ زامانىڭلاردا چىقىپ كېلىدىغان بولسا، ئۇنى ئۇششاق بالىلاردىن تارتىپ تاشبوران قىلىپ قوغلىۋەتمەي قالمايدۇ. ئەمما، دەججال ئۆچمەنلىك ئەۋج ئالغان، دىيانىتى سۇس، ئاداۋەتخور كىشىلەر ئارىسىدا پەيدا بولىدۇ. بۇ چاغدا ئۇ ھەربىر بۇلۇڭ – پۇشقاقتا پەيدا بولىدۇ. زېمىن ئۇنىڭغا خۇددى قوينىڭ تېرىسى قاتلانغاندەك قاتلىنىپ بېرىدۇ — دېدى»(6).
3. كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ ئەقلى كۆتۈرەلەيدىغان دائىرىدە سۆزلەش لازىم
قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى ھەققىدە سۆزلەيدىغان بىر قىسىم كىشىلەر ئاۋامغا سۆز قىلغان ۋاقىتتا، بۇ ھەقتە كەلگەن بارلىق ھەدىس ۋە قاراشلارنى بايان قىلىش ۋەياكى ئاۋامنىڭ ئەقلى كۆتۈرەلمەيدىغان ھەدىسلەرنى توختىماي سۆزلەشتەك يەڭگىلتەكلىكنى سادىر قىلىپ قويىدۇ. مەلۇمكى، بىلگەنلىكى ھەممە نەرسىنى دەپ يۈرۈش توغرا ئىش ئەمەس. شۇنداقلا، ئەقىلنىڭ دېيىلگەن نەرسىلەرنى كۆتۈرەلمەسلىكىنى ياكى دېيىلگەن نەرسىلەرنىڭ خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىپ قويۇشىنى ۋەياكى ئۆز جايىنى تاپالماسلىقىنى نەزەرگە ئالغان ۋاقىتتا، ھەرقانداق توغرىنى ئاۋام ئارىسىغا تارقىتىشمۇ ناتوغرا ئۇسۇلدۇر. بۇ ھەقتە ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «كىشىلەرگە ئۇلار چۈشىنەلەيدىغان گەپلەرنى قىلىڭلار، ئەجەبا سىلەر ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ سۆزىنىڭ يالغانغا چىقىرىلىشىنى ياخشى كۆرەمسىلەر!»(7) دېگەن.
يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئى ئىنسانلار! سىلەر ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ يالغانغا چىقىرىلىشىنى ياخشى كۆرەمسىلەر؟ كىشىلەرگە ئۇلار چۈشىنەلەيدىغان نەرسىلەرنى سۆزلەڭلار، چۈشىنەلمەيدىغان نەرسىلەرنى بولدى قىلىڭلار!»(8) دېگەن.
ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان نەرسىلەرنى سۆزلىمە، بولمىسا بۇ ئۇلارنىڭ بىر قىسمى ئۈچۈن چوقۇم فىتنە بولماي قالمايدۇ»(9).
قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى ھەققىدىكى مەزمۇنلارنى رېئاللىققا تەتبىقلاشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك قائىدىلەر
كېيىنكى ۋاقىتلاردا قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى ھەققىدە كەلگەن ھەدىسلەرنى رېئال تۇرمۇشقا تەتبىقلاش ۋە بۇلارنى كەسكىن شەكىلدە جەزملەشتۈرۈش ھادىسەلىرى ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ. شۇڭا، مەن بۇ ھەقتە كەلگەن بىر قاتار قائىدە – پرىنسىپلارنىمۇ بايان قىلىپ قويماقچىمەن.
بىرىنچى قائىدە: شەرىئەت بىزدىن قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى ھەققىدە كەلگەن ھەدىسلەرنى چوقۇم رېئاللىققا تەتبىقلىشىمىزنى تەلەپ قىلمايدۇ؛
ئىنسانلار جىمى سەزگۈلىرىنى ئىشقا سېلىپ بولسىمۇ، ئۆزلىرىنىڭ بۈگۈنى ۋە كۈندىلىك ھاياتىغا دائىر مەزمۇنلارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشكە ئادەتلەنگەن. بولۇپمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئۆتمۈشىگە ئانچە قىزىقىپ كەتمەيدىغان كېيىنكىلەر تېخىمۇ شۇنداق. شۇڭلاشقا ئۇلار ئۆزلىرى ياشاپ ئۆتكەن دەۋرىنىڭ ھادىسەلىرىنى چوڭ بىلىدۇ ۋە ئۇنى كۆپتۈرۈپ ھاياجانلىنىدۇ. خۇددى شائىرنىڭ:
يىغلىغان ئىدىم داتلاپ بىر زامانلاردىن
قەيەردە سەن؟ ئەمدىلىكتە يىغلىدىم ساڭا
دەپ ئېيتقىنىدەك، كۆز ئالدىدىكى كىچىك ھادىسەلەرنى ئۆتمۈشتىكى زور ۋەقەلەردىنمۇ چوڭ بىلىۋالىدۇ. بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار بەزىدە تارىختا غايەت زور ۋەقەلەر ئۆتكەن بولۇشىغا قارىماي، قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى ۋە دەسلەپكى ئىشارەتلىرى ھەققىدىكى مەزمۇنلارنى ئۆزىنىڭ كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىغا تەتبىقلاپ باقىدىغان بولۇپ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئۇلارنىڭ بىر بولسا ئاشۇ ئالامەتلەرنى توغرا چۈشىنەلمىگەنلىكىدىن ياكى بۇ ھەقتىكى بايانلارنىڭ ھەقىقىتىنى بىلمىگەنلىكتىن كېلىپ چىقىدۇ.
خۇددى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بار يەردە ئىبنى سەييادنى دەججال شۇ دەپ ئىجتىھات قىلغىنىدەك، تەقۋادار ئەھلى ئىلىملەرنىڭ قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى ۋە ئۇنىڭ تەتبىقاتلىرى ھەققىدە ئىجتىھاد قىلىشى جائىز مەسىلىدۇر. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆمەرنىڭ يۇقىرىقى ئىجتىھادى بويىچە ئېيتقانلىرىنى رەت قىلمىغان. ئەمما، بۇخىل ئىجتىھاد ناۋادا مۇسۇلمانلار سېپىنىڭ بۆلۈنۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئىجتىھاد بولۇپ قالسا ياكى شەرئىي دەلىللەشتىكى ئەگەشمە ئىجتىھاد بايانلىرىغا ۋەياكى ئەتراپلىق دەلىللەپ چىقىشقا كېرەك بولغان دائىرىدىكى ئىجتىھاد بولۇپ قالسا، بۇنىڭ چەكلىنىشى ۋە توسۇلۇشى زۆرۈر. پەقەت دەلىل بىلەن ئىسپاتلانغان بولسا، بۇ يۇقىرىقىلاردىن مۇستەسنادۇر. مەسىلەن، ئۇرۇش – جېدەلگە، فىتنەگە، بىراۋنىڭ ئابرۇيىغا چېقىلىشنى يوللۇق ساناشقا ۋەياكى سەپنىڭ بىرلىكىنى پارچىلاشقا ئېلىپ بارىدىغان ئىجتىھادلارغا ئوخشاش. مانا بۇخىل ئىجتىھادلار بىلەن دەلىللەنگەن ئالامەتلەر ۋەھيىدىن مۇستەقىل دەلىل بىلەن ئىسپاتلانمىغان ئەھۋالدا، ئۇنى ئەمەلىيەتكە تەتبىقلاشقا ئۇرۇنۇش جائىز ئەمەس.
بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار ئۆتمۈش ۋە ھازىردا يۈز بەرگەن تارىخنى بىر – بىرلەپ سىتاتسىتىكا قىلىشقا تولىمۇ ھېرىسمەن كېلىدۇ. ئۇلار بىر قاتار ھادىسەلەر بىلەن كەلگۈسىگە ئالاقىدار ئىش ۋە ئالامەتلەر خەبەر بېرىلگەن ھەدىسلەرنى رېئال ۋەقە – ھادىسەلەرگە تەتبىقلاش ۋەزىپىسىنى ئۆزىگە يۈكلىۋالىدۇ.
ئالايلۇق، ئۇلاردىن بىرى مەسىلەن: «ئۇزاققا قالماي ئىراق زېمىنىغا بىرەر چارەك ئاشلىقمۇ، بىرەر دىرھەممۇ كەلتۈرۈلمەيدۇ…»(10) دېگەن خەبەرنى ئوقۇۋالىدۇ – دە، بۇنى 1990 – يىللىرىدا ئامېرىكا تەرىپىدىن ئىراققا يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگو قىلىش ھادىسەسىگە باغلاپ، ئۇنى قىيامەتنىڭ ئالامىتى دېيىشكە باشلايدۇ.
گەرچە بۇنى ناۋادا كۈچلۈك ئېھتىمال دەپ قارىغان تەقدىردىمۇ، ھەدىسلەرنى بۇخىل ئۇسۇلدا رېئال ھاياتقا تەتبىقلاش بىر قىسىم نۇقسان ۋە تۇتامسىزلىقلارغا يول قويغانلىق بولۇپ، بولۇپمۇ يۇقىرىقىدەك ئۇسۇل بويىچە جەزملەشتۈرۈش شەكلىدە تەتبىقلىغاندا شۇنداق بولىدۇ.
بۇنىڭدىنمۇ ئېغىرراقى بەزى ئالىملارنىڭ بىر قىسىم ھەدىسلەرگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، دۇنيانىڭ ئۆمرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر. ئۇلاردىن بەزىلىرى دۇنيانىڭ ئۆمرى 900 يىل دېسە، يەنە بەزىلىرى 1000 يىل دېيىشكەن. بۇ خىل قاراش بىلەن مەشھۇر بولغانلار ئىچىدە ئىمام سۇيۇتىي ۋە ئىمام سەخاۋىي قاتارلىقلار ھەم بار.
دېمەك، «پالانى ئالامەت مۇنداق – مۇنداق يىللىرى ئېنىق يۈز بېرىپ بولغان» دەپ كەسكىنلەشتۈرۈپ ئېيتىش شۇ ئالامەتكە قارىتا روشەن ۋە پاكىتقا تويۇنغان شەرئىي ئاساس بولمىغان ئەھۋالدا قەتئىي دۇرۇس بولمايدۇ. مەسىلەن، بۇنىڭغا مەھدىي ھەققىدىكى ھەدىسلەرنى مۇئەييەن شەخسلەرگە تەتبىقلاپ تۇرۇپ: «پالانچى مەھدىي بولىدۇ» دەپ جەزملەشتۈرۈش ھادىسەلىرى ۋە بۇنىڭغا ئەگىشىپ فىتنەلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى، قان تۆكۈش ۋە ھۆكۈمەتكە ئىسيان كۆتۈرۈش قاتارلىق پاجىئەلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشى قاتارلىقلار مىسال بولالايدۇ.
بۇ ھەقتە يېزىلغان بىر قىسىم ئەسەرلەردە تۆۋەندىكىدەك بايانلار كەلگەن:
«قىيامەتنىڭ سىرى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى مەھدىي ھەققىدە تۆۋەندىكىچە يازىدۇ: «مەھدىي ئوتتۇرىغا چىقىشتىن ئاۋۋال ئىراننىڭ رەئىسلىكى دەججالنىڭ قولىغا ئۆتىدۇ. ئۇنىڭ ئىسمى مۇھەممەد خاتەمىي، تەخەللۇسى ئايەتۇللاھ گورباچوفتۇر»(11).
يەنە بىرەيلەن: ئاخىر زاماندا ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈلىدىغان مەھدىينىڭ ئىراقنىڭ سابىق رەئىسى ساددام ھۈسەين ئىكەنلىكىنى كەسكىن بايان قىلسا،(12) «ئارماگېدون» دېگەن كىتابنىڭ ئاپتورى ئەمىن مۇھەممەد جامال ھەدىستە تىلغا ئېلىنغان سۇفيانىينىڭ ئىراقنىڭ سابىق رەئىسى ساددام ھۈسەين ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرىدۇ(13). يەنە بىرى سۇفيانىينى ئىئوردانىيەنىڭ سابىق پادىشاھى ئەلھۇسەين دەپ جار سالغان(14).
ئەمەلىيەتتە بۇخىل دەۋالاردا جەزملەشتۈرۈشنىڭ ئۆزى خاتا. ئەمما، بۇخىل مەسىلىلەردە مۇئەييەن بىر ۋەقەلىككە قارىتا ھەدىستە كەلگەن ئالامەتلەرنى ئوپئوچۇق ئىشارەتلەيدىغان ئالامەتلەر كۆرۈلگەن بولسا، بۇنداق ئەھۋالدا ئۇنى كونكرېت تەتبىقلاش تامامەن مۇمكىن، ئەلۋەتتە!
ناۋادا ئەھۋال دۇغ قالمىغان تەرزدە ئېنىقلاشسا، ئۇ چاغدا ئالاقىدار ھەدىسلەرنى ئۇنىڭغا ياكى ئۇنىڭدىن باشقا ئوخشاشلىقى بار ھادىسەلەرگە ۋەياكى ئۇنىڭدىنمۇ بەكرەك ئېنىقلىشىپ قالغان ھادىسەلەرگە تەتبىقلاش مۇمكىن. مانا بۇخىل شەكىلدە تەتبىقلانسا كېرەك يوق. مەسىلەن، ئىمام مۇسلىم ئەسمائ بىنتى ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن ئۇنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ ئۆلتۈرۈلۈش قىسسەسىدە رىۋايەت قىلغان ھەدىسى بۇنىڭ مىساللىرىدىندۇر.
1. ئەسمائ رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئوغلى ئابدۇللاھنى ئۆلتۈرگەن قوشۇنغا رەھبەرلىك قىلغان ھەججاج ئىبنى يۈسۈف ئەسسەقەفىيگە تۆۋەندىكىچە خىتاب قىلىدۇ: «جەزمەنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە سەقىفتىن بىر كاززاب ۋە بىر قانخورنىڭ چىقىدىغانلىقى ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەن. كاززاب چىقىپ بولدى، بىز ئۇنى كۆردۇق. ئەمما قانخورغا كەلسەك، مەن ئۇنى سەندىن باشقا بىرى دەپ ئويلىمايمەن». شۇنىڭ بىلەن ھەججاج تاكاللاشماستىنلا ئۇنىڭ يېنىدىن چىقىپ كەتكەن(15).
ئىمام نەۋەۋىي مەزكۇر ھەدىس ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «ئەسمائ رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ كاززاب ھەققىدە ئېيتقان سۆزىدە سەقىفلىك مۇختار ئىبنى ئەبى ئۇبەيد كۆزدە تۇتۇلغان بولۇپ، ئۇ ناھايىتى كاززاب كىشى ئىدى. ئۇنىڭ ئەڭ قەبىھ قىلمىشىدىن بىرى، جىبرىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنىڭ يېنىغا كېلىدىغانلىقى ھەققىدىكى كاززابلىقى ئىدى. ئالىملار ھەدىستىكى كاززابتىن مۇختار ئىبنى ئەبى ئۇبەيد، قانخوردىن ھەججاج كۆزدە تۇتۇلغان دېگەن قاراشقا بىرلىككە كەلگەن»(16).
2. ئىمام مۇسلىم ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ: »ھىجاز زېمىنىدىن بىر ئوت چىقىپ، بۇسرادىكى تۆگىلەرنىڭ بويۇنلىرىنى يورۇتمىغۇچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ«(17).
ئەبۇ شامە ۋەقەنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ھىجرىيە 654 – يېلى جۇمادىيەلئاخىرنىڭ 3 – كۈنى چارشەنبە(18) كېچە ۋاقتى ئىدى. تۇيۇقسىز مەدىنەدە غايەت زور گۈلدۈرلىگەن ئاۋاز پەيدا بولدى. ئارقىدىن بىر تەۋرىنىش بولدى – دە، يەر، تام، ئۆگزە، پېشايۋان، دەرۋازا… ھەممىسى توختىماي تەۋرىنىشكە باشلىدى. بۇ ئىش شۇ ئاينىڭ جۈمە كۈنىگە قەدەر داۋاملاشتى. ئاندىن بەنى قۇرەيزەگە يېقىن ‹ھەررە› تەرەپتە غايەت زور ئالاۋ پەيدا بولدىكى، ئۇ ئالاۋنى بىز مەدىنەنىڭ ئىچىدە ھويلىلىرىمىزدا تۇرۇپ كۆردۇق. بۇ ئالاۋ بىز تەرەپتە گويا جىلغىلاردا كەلكۈن ئاققاندەك ئېقىپ، قەسىردەك (چوڭ) ئۇچقۇنلارنى چىقارغان ئىدى»(19).
ئىمام نەۋەۋىي مۇنداق دەيدۇ: «بىزنىڭ دەۋرىمىزدىمۇ ھىجرىيە 654 – يىللىرى مەدىنەدە بىر ئوت كۆرۈنگەن. بۇ غايەت زور كۆلەملىك ئوت مەدىنەنىڭ شەرقىدىكى ‹ھەررە› تەرەپتىن كۆرۈنگەن بولۇپ، بۇ ئىشنى ئۆز ۋاقتىدا بىلمىگەن كىشى قالمىغان ئىدى. (يەنى بۇ خەبەر مۇتەۋاتىر دەرىجىسىگە يەتكەن خەبەرگە ئايلانغان ئىدى)»(20).
ئىمام ھافىز ئىبنى ھەجەر: «بۇ مەسىلىدە ماڭا ئايان بولغىنى، مەزكۇر ئوت قۇرتۇبىي چۈشەنگىنىدەك، مەدىنەنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە پەيدا بولغان ئۇچقۇن بولۇشى ئېنىقراق» دەيدۇ(21).
3. ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: »فىتنە – پاساتلار ئاشكارا بولۇپ يالغانچىلىق ئەۋج ئالمىغۇچە، بازارلار ئارىلىقى يېقىنلاپ، زامان قىسقىراپ ئۆزئارا يېقىنلىمىغۇچە ۋە قىرغىنچىلىق كۆپەيمىگۈچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ» دېگەن(22).
شەيخ بىن باز رەھىمەھۇللاھ «فەتھۇلبارىي» كىتابىغا يازغان ئىزاھاتىدا مۇنداق دەيدۇ: «ھەدىستە تىلغا ئېلىنغان مەزكۇر يېقىنلىشىش ۋە قىسقىراشتىن بىزنىڭ بۇ ئەسىرىمىزدىكى ئايروپىلان، ماشىنا، رادىئو ۋە ئۇنىڭدىن باشقا نەرسىلەرنىڭ ئىجاد قىلىنىشى ئارقىلىق ھەرقايسى شەھەر ۋە رايونلارنىڭ بىر – بىرىگە يېقىن بولۇشى، شۇنداقلا سەپەر ۋاقتىنىڭ قىسقىرىشى كۆزدە تۇتۇلغان بولۇشى مۇمكىن. ۋەللاھۇ ئەئلەم»(23).
ئىككىنچى قائىدە: قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىنىڭ چوقۇم يېقىندا يۈز بەرگەن بولۇشى شەرت ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ يۈز بەرگىنىگە ئۇزۇن يىللار ئۆتۈپ بولغان بولسىمۇ كېرەك يوقتۇر؛
قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى دېگەن، مەيلى بۇ ئالامەت قىيامەتكە يېقىن يۈز بەرسۇن ياكى ئۇنىڭدىن ئۇزاقراق يۈز بەرسۇن، قىيامەتنىڭ يېقىنلىشىپ قالغانلىقىغا دالالەت قىلىدىغان ئالامەتلەردۇر. مەسىلەن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنۇ ھەدىسىگە ئوخشاش، ئۇ زات: «مەن قىيامەتكە مۇنۇ ئىككى نەرسىدەك ئارىلىق قالغاندا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلدىم» دەپ كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئوتتۇرا بارمىقى ئارىسىنى جۈپلىگەن(24).
مانا بۇ ھەدىس پەيغەمبەرنىڭ ئەۋەتىلىشى ۋە ئۇنىڭ ئۆلۈمىنىڭ گەرچە ئۇنىڭدىن كېيىن يۈز بەرگەن ئالامەت ۋە ھادىسەلەر دەۋر جەھەتتىن قىيامەتنىڭ قايىم بولۇش ۋاقتىغا ئەڭ يېقىن ھېسابلانسىمۇ(25)، قىيامەتنىڭ قايىم بولۇشقا يېقىنلاشقانلىقنىڭ ئالامەتلىرىدىن ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىنى يۈز بېرىش نۇقتىسىدىن مۇنداق تۈرلەرگە ئايرىش مۇمكىن:
1. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۆزىنىڭ پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلىشى ۋە ئۆلۈمى ھەققىدىكى خەبەرلەر ھەمدە كېيىنچە پەيغەمبەرلىكنى دەۋا قىلىدىغانلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقى… قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئېنىق بايان قىلىپ بەرگەن مەزمۇنلار؛
2. بازارلارنىڭ يېقىنلىشىشى، يالغانچىلىقنىڭ كەڭ تارقىلىشى، قىرغىنچىلىقنىڭ كۆپ بولۇشى… قاتارلىقلارغا ئوخشاش مەلۇم قىسمى يۈز بەرگەن ۋە داۋامى تېخىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ھادىسەلەر.
بۇلار ئىچىدە: «غەلىتە ھايۋاننىڭ چىقىشى»، «دەججالنىڭ چىقىشى» قاتارلىقلارغا ئوخشاش تېخى يۈز بەرمىگەن ۋە كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان ئالامەتلەرمۇ بار.
ئۈچىنچى قائىدە: قىيامەتكە ئالاقىدار ھەدىسلەرنى رېئاللىققا خاتا تەتبىقلاش خەتەرلىك ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. بۇلاردىن:
1. ئىلىمسىز ۋە بىلمەي قارىسىغا سۆزلەش
چۈنكى، ناۋادا سىز ھەدىستە كەلگەن ئالامەتلەرنى مۇنداق، مۇنداق ئىشلار ھەققىدە چۈشكەن، دەپ كەسكىن جەزملەشتۈرگەن ۋاقتىڭىزدا، مۇشۇ سۆزىڭىزمۇ بىرەر شەرئىي دەلىلگە ياكى شەرىئەت ۋە ئىجتىھادتىن يوللۇق ئىشارەتلەر ئارقىلىق پاكىت كەلتۈرۈشكە موھتاج. شەرىئەت ئىشلىرىدا پاكىتسىز ۋەيا شەرئىي ئىشارەتلەرسىز خاھلىغانچە بىرنەرسە دېيىشكە ئۇرۇنۇشنىڭ ئۆزى شەرىئەت ۋە ئۇنىڭغا ئائىت خەبەرلەردە بىلىمسىز ھالدا بىرنەرسە دەپ سېلىشتىن ھەزەر ئەيلەشكە بۇيرۇلغان بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا نالايىق قىلمىشتۇر.
2. شەرىئەتتە بېكىتىلمىگەن بىر ئىشنى قىلىپ سېلىش ياكى شەرىئەتتە بېكىتىلگەن ئەمەلنى تەرك ئېتىپ قېلىش
بەزى كىشىلەر مەھدىينىڭ چىقىدىغانلىقى ھەققىدە سۆزلەنگەن ھەمدە ئاپتورى «مەھدىي پالانچى شۇ» دەپ كەسكىن جەزملەشتۈرىدىغان كىتابلارنى ئوقۇدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆز ئىشلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ مەھدىينى ساقلايدىغان بىر قىسىم ئوقۇرمەنلەر بارلىققا كەلدى. ئۇلاردىن بىر قىسمى كەلگۈسىدىكى شۇ يىللارغا ۋە ئۇرۇش – جەڭگە تەييارلىق قىلىپ ئات ۋە قورال – ياراغلارنى سېتىۋالسا، يەنە بىر قىسىملىرى «دەججال چىقىشقا ئىككى ياچاق مىقدارى ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئاز ۋاقىت قالدى» دېگەن گەپكە ئاساسەن، ئۆيلىنىش، ئائىلە قۇرۇش قاتارلىق ئىشلارنى ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان نۇرغۇن ئىشلارنى تەرك ئەتتى.
3. ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسىنى يالغانغا چىقىرىشتەك چوڭ بۇزغۇنچىلىقلارغا يول ئېچىپ بېرىش
مەسىلەن، بىرى «مەھدىيدىن مەقسەت پالانى كىشى شۇ» دەپ جەزملەشتۈرۈپ، كېيىن قارىسا ئويلىغىنىنىڭ ئەكسىچە چىقسا، بۇمۇ شۇ كىشىنىڭ مەھدىي ھەدىسلىرىنى يالغانغا چىقىرىشىغا ئېلىپ بارىدۇ. ئۇندىن باشقا يەنە رېئاللىققا توغرا تەتبىقلانغانلىقىغا ئىشەنچ قىلغىلى بولمايدىغان باشقا ئالامەتلەرنى جەزم قىلىشمۇ ئوخشاشلا يۇقىرىقىدەك ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىنى قىسىمغا ئايرىش
قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى ئىككى قىسىمغا بۆلىنىدۇ:
بىرىنچى قىسىم: كىچىك ئالامەتلەر
بۇ تۈردىكى ئالامەتلەر يەنە ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ:
1. يۈز بېرىپ بولغان ئالامەتلەر
بۇ تۈردىكى ئالامەتلەر مەيدانغا كېلىپ تۈگەپ بولغان ئالامەتلەر بولۇپ، بۇ ئالامەتلەر يۈز بەرگەن ۋاقىتنىڭ قىيامەت قايىم بولۇش ۋاقتىغا يىراق بولغانلىقى ئۈچۈن كىچىك ئالامەتلەر تۈرىگە تەۋەدۇر. مەسىلەن، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلىشى، ئاينىڭ يېرىلىشى، مەدىنەدە ئوتنىڭ كۆرۈنۈشى… قاتارلىقلارغا ئوخشاش.
2. يۈز بېرىۋاتقان ئالامەتلەر
بۇ تۈردىكى ئالامەتلەر مەيدانغا كەلگەن، ئەمما كېمەيمەستىن، كۆپىيىپ مېڭىۋاتقان ئالامەتلەر بولۇپ، بۇمۇ ئوخشاشلا كىچىك ئالامەتلەر تۈرىگە تەۋە. مەسىلەن، دېدەكنىڭ ئۆز خوجايىنىنى تۇغۇشى، يالىڭاچ، يالاڭئاياغ پادىچىلارنىڭ بىنا سېلىشتا بەسلىشىشى، پەيغەمبەرلىكنى دەۋا قىلىدىغان ئوتتۇزچە كاززابنىڭ چىقىشى… قاتارلىقلارغا ئوخشاش.
ئىككىنچى قىسىم: چوڭ ئالامەتلەر
بۇ تۈردىكى ئالامەتلەر بولسا يۈز بېرىپ، ئارقىدىنلا قىيامەت قايىم بولىدىغان چوڭ ئالامەتلەردۇر. بۇلار تېخى يۈز بەرمىگەن بولۇپ، بۇلار ئوندۇر.
ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «بىز ئۆزئارا سۆزلىشىپ تۇرغىنىمىزدا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كېلىپ، بىزگە:
— نېمە دېيىشىۋاتىسىلەر؟ — دېدى. بىز:
— قىيامەت ھەققىدە سۆزلىشىۋاتىمىز، — دېسەك:
— سىلەر تۆۋەندىكى ئون ئالامەتنى كۆرمەي تۇرۇپ قىيامەت قايىم بولمايدۇ، — دەپ ھەربىرىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى:
— بۇ ئالامەتلەر: (ئالەمنى) تۈتۈن (قاپلايدىغانلىقى)، دەججال (نىڭ چىقىشى)، (نامەلۇم بىر) ھايۋان (نىڭ پەيدا بولۇشى)، قۇياشنىڭ مەغرىبتىن چىقىشى، ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ چۈشۈشى، يەجۈج – مەجۈجنىڭ چىقىشى، مەشرىقتە بىر قېتىم، مەغرىبتە بىر قېتىم ۋە ئەرەب يېرىم ئارىلىدا بىر قېتىم يەر يۇتۇش ھادىسەسى يۈز بېرىشى، ئەڭ ئاخىرىدا يەمەندىن بىر ئوت چىقىپ كىشىلەرنى مەھشەرگاھقا ھەيدىشى قاتارلىقلار(26)».
بەزى ھەدىسلەردە يەنە مەھدىينىڭ چىقىشى، كەئبەنىڭ ۋەيران قىلىنىشى، قۇرئاننىڭ زېمىندىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىشى قاتارلىقلارمۇ تىلغا ئېلىنغان. بۇ ھەقتىكى ھەدىسلەر كېيىن بايان قىلىنىدۇ.
دوكتور مۇھەممەد ئەلئەرىيفىي
دۇنيا ئۆزىنىڭ ئاداققى تىنىقلىرىدا
قىيامەتنىڭ چوڭ – كىچىك ئالامەتلىرى
ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى:
«ساجىيە تەرجىمە ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش سىنىپى» ئوقۇغۇچىلىرى
1. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (20)؛ مۇسلىم (1399).
2. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (3346)؛ مۇسلىم (2880).
3. بۇخارىي (115).
4. مۇسلىم (2937).
5. «كشف المكنون في الرد على كتاب هرمجدون»، 58 – بەت؛ «المهدي وفقه أشراط الساعة»، 636 – بەت.
6. «ئەلمۇستەدرەك» (8612). ھاكىم: «ئىسنادى سەھىھ» دېگەن.
7. «بۇخارىي»، 49 – باب.
8. مۇسلىم «سەھىھ ھەدسىلەر توپلىمى»نىڭ مۇقەددىمەسىدە رىۋايەت قىلغان.
9. مۇسلىم «سەھىھ ھەدسىلەر توپلىمى»نىڭ مۇقەددىمەسىدە رىۋايەت قىلغان.
10. مۇسلىم (2913).
11. فەھد ئەسسالىم: «أسرار الساعة».
12. سەئىد ئەييۇب: «المسيح الدجال». ساددام ھۈسەين ھ. 1427 / م. 2007 – يىلى قۇربان ھېيت كۈنى ئۆلتۈرۈلگەن.
13. «هرمجدون».
14. فەھد ئەسسالىم: «أشراط الساعة وهجوم الغرب».
15. مۇسلىم (2545).
16. نەۋەۋىي: «شەرھۇ مۇسلىم»، 8/328.
17. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (7118)؛ مۇسلىم (2902). «بۇسرا» ھازىرقى شامدىكى «ھوران» شەھرى.
18. بۇ كۈن مىلادىيە 1256 – يىلى 5 – ئاينىڭ 29 – كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.
19. قۇرتۇبىي: «ئەتتەزكىرە»، 527 – بەت.
20. نەۋەۋىي: «شەرھۇ مۇسلىم»، 18/27.
21. «فەتھۇلبارىي»، 20/128.
22. ئەھمەد (10735).
23. «فەتھۇلبارىي»، بتعليق الشيخ بن باز، 2/606.
24. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (4936)؛ مۇسلىم (1435).
25. بۇ ھەقتە 1 – ئالامەتتە ۋە كىچىك ئالامەتلەرنىڭ 2 – سىدە توختىلىمىز.
26. مۇسلىم (2901).