Ali-Shir Nava'i

ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر، شائىر ئەلىشىر ناۋائىي

(ھ. 844 – 906/م. 1441 – 1501)

 

شەرق شېئىرىيىتىنىڭ ئاجايىب جىلۋىدار گۈلتاجى بولغان ئىجادى بىلەن جاھانغا تونۇلغان ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر، شائىر ئەلىشىر ناۋائىي ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىنىڭ شانلىق ئپتىخارى.

قاراخانىيلار دەۋرىدە قەشقەر يىپەك يولى بويىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا مەدىنىيىتىنىڭ مۇھىم مەركىزى بولغىنىدەك، تۆمۈرىيلەر دەۋرىدە ھىرات بۇ زېمىندىكى مەدەنىيەتنىڭ مۇھىم بىر مەركىزىگە ئايلاندى. بۇ مەدەنىيەت مەركىزىگە ئۇيغۇر زېمىنىدىن كۆچۈپ سىڭگەن مەدەنىيەتمۇ چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن. ئەلىشىر ناۋائىي ئەنە شۇنداق تارىخىي دەۋردە شەكىللەنگەن ۋە تەرەققى قىلغان مەدەنىيەتنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ۋەكىلى.

ئەلىشىر ناۋائىي ھ. 844 – 906 / م. 1441 – 1501 – يىلى ھىراتتا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئاتىسى غىياسىدىن كىچىك ئۇيغۇر بولۇپ، تۆمۈرىيلەر ئوردىسىدىكى ئىناۋەتلىك خادىملارنىڭ بىرسى ئىدى. غىياسىدىن كىچىك ئائىلىسىنىڭ ئۆز دەۋرىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئەھلى بىلەن بولغان قويۇق ئالاقىسى ئەلىشىرنىڭ كىچىكىدىنلا ئەدەبىيات خۇشتارى بولۇشى ئۈچۈن تەسىر كۆرسەتكەن مۇھىم بىر شارائىت ئىدى. ئەلىشىر بالىلىق ۋاقتىدىلا ئۆزىنىڭ زېرەكلىكى، تىرىشچانلىقى ۋە خۇشپېئىللىقى بىلەن ئۆز تەڭتۈشلىرىدىن ئالاھىدە پەرقىلىنىپ تۇراتتى. ئۇ ئۈچ – تۆت يېشىدىلا شېئىر ئاڭلاش، ئوقۇش ۋە يادلاشقا قىزغىن بېرىلگەن، بەش ياشقا كىرمەي تۇرۇپ مەكتەپكە كىرگەن، بۇ مەكتەپتە بولغۇسى پادىشاھ ھۈسەيىن بايقارا بىلەن ساۋاقداش بولغان، ئۇنىڭ ئوقۇشتىكى ئۆتكۈرلۈكى ۋە ئۈنۈمى ھەممىنى ھەيران قالدۇرغانىدى.

بۇ چاغدا ھىرات تەختىدە ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان شاھرۇھنىڭ مۇستەبىتلىكى غىياسىدىن كىچىك ئائىلىسىگىمۇ كۆڭۈلسىزلىك ۋە پاراكەندىچىلىك سالدى. شۇڭا، بۇ ئائىلە بىر مەزگىل ئاستىراباددا سەرسان بولۇپ يۈردى. پەقەت ئەبۇلقاسىم بابىر تەختكە چىققاندىن كېيىن ھىراتقا قايتىپ كەلدى.

بۇ مەزگىلدىكى كىچىك ئوقۇغۇچى ئەلىشىر مەكتەپتە دىنىي دەرس ئوقۇش بىلەن بىللە ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇشقا قىزغىن بېرىلدى. فارىس ـ تاجىك كىلاسسىكلىرىنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ ھەم يادقا ئالدى. ئۇ 10 – 11 يېشىدا 4 – 5 مىڭ مىسرا شېئىرنى يادلىۋالغانىدى. ئەلىشىر 12 يېشىدا ئاتىسىدىن يېتىم قالدى. شۇنىڭدىن كېيىن مەكتەپتىن ئايرىلىپ، ساۋاقدىشى، دوستى ھۈسەيىن بايقارا بىلەن بىللە ئەبۇلقاسىم بابىر ئوردىسىدا خىزمەت قىلدى. بىر ياقتىن ئەدەبىي ئەسەرلەرنى قىزغىن ئۆگىنىش بىلەن ئۆزىمۇ شېئىر يېزىشقا كىرىشتى. ئوبۇلقاسىم بابىر ئەلىشىرگە غەمخورلۇق كۆرسەتتى ۋە ئۇنىڭ شېئىرغا بولغان ئىشتىياقىغا مەدەت – ئىلھام بەردى.

ئۆزىنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، ئەلىشىر 7 يېشىدىن باشلاپ شېئىر يېزىشقا كىرىشكەن. شۇ زاماندىكى ئەنئەنە بويىچە باشلانغۇچ بىلىمىنى فارىسىي مەنبەلەردىن ئالغان ئەلىشىر مەكتەپتىلا نىزامىي، گەنجەۋىي، مۇسلىھىدىن سەئىدىي، پەرىددىن ئەتتارلارنىڭ، ئاندىن فىردەۋسىي، خۇسراۋ دىھلەۋىي، ھافىز شىرازىي، ئابدۇرراھمان جامىي قاتارلىق شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن بىر ـ بىرلەپ تونۇشتى. كېيىنرەك تۈركىي تىلىدىكى شېئىرلارنى قىزغىن ئوقۇشقا كىرىشتى، بولۇپمۇ ئاتائىي، سەككاكىي، لۇتفىي غەزەللىرىدىن چوڭراق زوق ئالدى. ئۇ ئۆزىنىڭ دەسلەپكى شېئىرلىرىنى پارىسچە يازغان بولسا، 15 ياشقا كىرگەندە تۈركىي تىلىدىمۇ شېئىر يېزىشقا باشلىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي پارىسچە شېئىرلىرىدا «فانىي»، تۈركىي تىلىدىكى شېئىرلىرىدا «ناۋائىي» تەخەللۇسى بىلەن تونۇلۇپ «زۇللىسانەيىن / ئىككى تىللىق» دەپ نام ئالدى. ئۇنىڭ شېئىرىيەتتىكى ئاجايىب ئىقتىدارى شېئىر زوقمەنلىرىنى، جۈملىدىن نۇرغۇنلىغان پېشقەدەم شائىرلارنىمۇ ھەيرەتتە قالدۇردى. تارىخچى خاندەمىرنىڭ ئېيتىشىچە، ئەلىشىر ناۋائىي ياشلىق دەۋرىنىڭ بېشىدىلا شائىر لۇتفىينىڭ قىزغىن مەدھىيە ۋە يۈكسەك باھاسىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ 16 يېشىدا يازغان:

«ئارەزىن ياپقاچ، كۆزۈمدىن ساچىلۇر ھەر لەھزە ياش،

بۇيلەكىم، پەيدا بولۇر يۇلدۇز نىھان بولغاچ قۇياش.»(1)

دەپ باشلىنىدىغان غەزىلىنى كۆرگەن لۇتفىي ھاياجان ئىچىدە «… ئەگەر مۇيەسسەر بولسا ئىدى، ئۆزەمنىڭ ئون – ئون ئىككى مىڭ پارىسىي ۋە تۈركىي بېيتىمنى شۇ غەزەلگە ئالماشتۇرار ئىدىم» دېدى.

1456 ـ يىلى ئەبۇلقاسىم بابىر تەختنى مەشھەدگە كۆچۈرگەندە، ئەلىشىر ناۋائىيمۇ، ھۈسەيىن بايقارامۇ بىللە باردى. بىراق بىر يىلدىن كېيىن بابىر ۋاپات بولدى. خۇراسان يەنە تاجۇ ـ تەخت تالىشىش جاڭجىلى ئىچىدە قالدى. تاجۇ ـ تەخت ئارزۇسىدا يۈرگەن ھۈسەيىن بايقارا بۇ جاڭجاللارغا ئارىلىشىپ كەتتى. ئەلىشىر ناۋائىي بولسا ئاتا ـ ئانىسىز، ھامىيسىز بۇ يات شەھەردە جاپالىق ۋە مۇستەقىل ھايات يولىنى باشلىدى. ئۇ مەشھەدتىكى 7 يىللىق ھاياتى جەريانىدا نامراتلىق ۋە بىرقانچە قېتىملىق ئېغىر كېسەل ئازابلىرىنى يېڭىپ، ئىجتىھاد بىلەن ئوقۇپ بىلىم ئىگەلىدى. بۇ ئۆگىنىش ھەمدە مەشھەدتىكى نۇرغۇنلىغان شائىرلار بىلەن تونۇشۇش، ھەمسۆھبەت بولۇش، ھەر ساھە تۇرمۇشىغا ئارىلىشىش ئارقىلىق ئۆز تەپەككۇرىنى شەكىللەندۈرۈپ ۋە ئىجادىي قابىلىيتىنى ئۆستۈرۈپ باردى.

1464 ـ يىلى ئەلىشىر ناۋائىي يۇرتى ھىراتقا قايتتى، ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ يەردە ئۆز دەۋرىنىڭ ئۇلۇغ ئالىمى، مۇتەپەككۇر شائىرى ئابدۇرراھمان جامىي بىلەن ئۇچراشتى. بۇ ناۋائىي ھاياتىدىكى ئىنتايىن مۇھىم ۋەقە ئىدى. شۇندىن كېيىن داۋاملاشقان ئالاقە جەريانىدا جامىي ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي پەلسەپە نۇقتىئىنەزەرى، ئىسىتېتىك پرىنسىپلىرى ئارقىلىق ناۋائىينىڭ ھاياتىغا، تەپەككۇر ۋە ئىجادىي ئىقتىدارىنىڭ كامالەت تېپىشىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. شۇڭلاشقىمۇ ناۋائىي ئابدۇرراھمان جامىينى ئۆزىنىڭ «پىر ئۇستازى» دەپ ھېسابلىدى.

بىراق ھىراتتا ناۋائىي پادىشاھ ئەبۇ سەئىدنىڭ سوغۇق مۇئامىلىسىگە ئۇچرىدى. چۈنكى، ئۇ ناۋائىينى ئۆز كۈشەندىلىرى (بولۇپمۇ خۇراسان تەختىنى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان ھۈسەيىن بايقارا) نىڭ ھەمدىمى دەپ ھېسابلايتتى. دەسلەپتە تۇرمۇش قىيىنچىلىقى، بىلىم ئېلىش ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش ئېھتىياجىدىن ناۋائىي ئۇنىڭ چىرىك ۋە رەزىللىكىنى كۆرۈپ كۆڭلى غەش بولدى. بۇ غەشلىك بارا ـ بارا ئەبۇ سەئىدكە نىسبەتەن ئۆچمەنلىككە ئايلىنىپ كەتتى. شۇڭا، ئۇنىڭ كۆزىدىن نېرى بولۇپ ھەمدە ئىلىم تەھسىل قىلىش نىيتىدە 1466 ـ يىلى ھىراتتىن ئايرىلىپ، سەمەرقەنتكە باردى.

شۇ چاغدىكى مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ بىرسى بولغان سەمەرقەنتتە ناۋائىي خېلى تۈزۈك ئېتىبار ۋە ئىمكانىيەتكە ئېرىشتى، مەشھۇر ئالىم، قانۇنشۇناس ۋە ئەرەبشۇناس خۇجا فەزلۇللاھ ئەبۇللەيس مەدرەسەسىدە بىلىم ئالدى. ئەبۇللەيس ناۋائىيغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى، شۇڭا ناۋائىينىڭ ئۈگىنىشى ئۈنۈملۈك بولدى.

ناۋائىي مەدرەسەدە ئىلىم تەھسىل قىلىش بىلەن بىللە سەمەرقەنت بىلەن تونۇشتى، ئۇنىڭ تارىخىنى ئۆگەندى، ئۇلۇغبەگنىڭ ئاستىرنومىيە ساھەسىدىكى ئىلمىي مىراسلىرى بىلەن تونۇشتى. نۇرغۇنلىغان ئالىم، شائىر سەنئەتكارلار بىلەن يېقىن ئالاقىدە بولۇپ، ئىلىم ۋە شېئىرىيەت ماۋزۇسىدىكى مۇلاھىزە سورۇنلىرىغا قاتناشتى، كاسىپلار تۇرمۇشىغىمۇ چۆكتى. شۇنىڭدەك، بۇ يەردە ئۆزىگە ئاتىدارچىلىق قىلغان مەشھۇر مەرىپەتپەرۋەر ئەرباب ئەھمەد ھاجىبەگ ھامىيلىقىدا سىياسى ـ مەمۇرىي پائالىيەتلەرگىمۇ ئارىلاشتى، بۇ مۇناسىۋەت ۋە پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھايات تەجرىبىسىنى بېيتتى، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتتى، ئەدەبىي ئىجادىيەتتىمۇ كامالەت تاپتى.

1469 ـ يىلى ھۈسەيىن بايقارا خۇراسان تەختىنى ئىگەللىدى. بۇنىڭدىن خۇش بولغان ناۋائىي ئۆز دوستىنىڭ مەملىكەتنى تىنچ ۋە ئاۋات قىلىشىغا ئۈمىد باغلاپ، بۇ يولدا ئۇنىڭغا ھەمكارلىق قىلىش نىيتىدە ھىراتقا قايتىپ كەلدى ۋە ھۈسەيىن بايقارانىڭ سەلتەنەتىگە بېغىشلاپ «ھىلالىيە» قەسىدىسىنى يازدى. ناۋائىينىڭ كەلگىنىگە ئۇنى سېغىنىش بىلەن كۈتۈپ تۈرغان پادىشاھ ھۈسەيىن بايقارا ئىنتايىن خۇش بولدى ۋە ئۇنىڭغا مۆھۈردارلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇردى.

ناۋائىي ئوردىغا كىرگەندىن كېيىن، مەملىكەتنى تىنىچلاندۇرۇش ئىشىغا ئالاھىدە كۈچ چىقاردى، بولۇپمۇ تۆمۈرىيلەر ئەۋلادىدىن بولغان مىرزا يادگارنىڭ خۇراسان تەختىنى تالىشىپ قوزغىغان توپلىڭىنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى تۆھپىسى ناھايىتى چوڭ بولدى. ناۋائىينىڭ كۆرسەتكەن تەدبىرى بويىچە مىرزا يادگار ئۇجۇقتۇرۇلدى، مەۋجۇد ۋەزىيەتتىن نارازى بولۇپ ئۇنىڭغا ئەگەشكەن دەردمەن پۇقرالارنىڭ بىر قىسىم تەلەپلىرى قاندۇرۇلدى، پادىشاھمۇ مەمنۇن بولدى ۋە ئۇزۇن ئۆتمەي ناۋائىي ئەمىرلىككە كۆتۈرۈلدى.

ئەلىشىر ناۋائىي ئوردا خىزمىتىدە ئادالەتنى جارى قىلىش ئۈچۈن تىرىشتى. خەزىنە باشلىقى نىزامۇلمۇلىك، پەرۋانچى مەجدىددىن قاتارلىقلارنىڭ نائادىللىقى ۋە ئاچكۆزلۈكىگە قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتتى. زۇلۇمدا ھەددىدىن ئېشىپ، خەلقنى قاتتىق نارازى قىلغان بىر قىسىم ئەمەلدار خادىملارنى جازالىدى، مۇھىم سۇ قۇرۇلۇشلىرىنى ئېلىپ باردى، دېھقان ۋە كاسىپلارنىڭ سېلىقلىرىنى يېنىكلىتىش تەدبىرلىرىنى كۆردى. نامرات ـ غېرىبلارغا، دەردمەنلەرگە غەمخورلۇق قىلدى.

ئىلىم ـ مەرىپەت ساھاسىدە ناۋائىينىڭ خىزمىتى تېخىمۇ چوڭ بولدى. ئۇ نۇرغۇن مەدرەسە – جامەلەرنى قۇرغۇزدى، ئالىملارنى، شائىرلارنى، مۇھەندىسلەرنى، سازەندىلەرنى، رەسساملارنى، نەققاشلارنى، خەتتاتلارنى، شىرازىچىلارنى ئەتىۋارلاپ، ھەرخىل ماددىي ياردەملەرگە ئېرىشتۈرۈپ، مەنىۋىي جەھەتتىن ئىلھاملاندۇردى. ئىجادىيەت ـ كەشپىياتنى مۇكاپاتلىدى، مەرىپەت دۈشمەنلىرىگە تاقابىل تۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە مەرىپەت ساھاسىگە ئۆزىنىڭ ئېسىل پەزىلەتلىرىنى سىڭدۈرۈپ باردى. قىسقىسى، ئۇ خۇراساننى تىنچ، ئاۋات قىلىش ۋە ھىرات مەدەنىيتىنى گۈللەندۈرۈش يولىدا ئەستايىدىل ئەجىر سىڭدۈرۈپ، يۈكسەك ئىناۋەتكە ئېرىشتى.

لېكىن، ناۋائىي ئۆزىنىڭ ئۇلۇغۋار ئارزۇلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا، ئازابلارغا يولۇقتى. ئادالەت ۋە مەرىپەت دۈشمەنلىرى، ئاچكۆز، مەنسەپپەرەس ئەمەلدارلار، رىياكار جاھالەتپەرەستلەر ناۋائىينى ئۆز مەنپەئەتلىرىنىڭ زور كۈشەندىسى دەپ ھېسابلاپ، ئۇنىڭ پائالىيەتلىرىگە توسقۇنلۇق قىلدى ۋە ئۇنى كۆزدىن يوقىتىش ئۈچۈن ھەر خىل رەزىل ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سېلىپ قۇتراشتى. ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتە تاللىۋالغان ئەڭ چوڭ دەستىكى بولسا بوھتان ئويدۇرۇپ، ئىغۋا توقۇپ، چېقىمچىلىق قىلىش ئىدى. ئۇلار ناۋائىينىڭ ئۇلۇغۋار لايىھە ۋە پائالىيەتلىرىنى پادىشاھنىڭ مەنپەئەتى ۋە شەۋكىتىگە خەۋپ دەپ كۆرسىتىشكە، شۇنىڭدەك بۇ «خەۋپ»نى ناۋائىينىڭ نەسەب جەھەتتىن ياتلىقىنىڭ ئىپادىسى دەپ ئىزاھلاشقا جېنىنىڭ بېرىچە ئۇرۇندى. گەرچە ھۈسەيىن بايقارا مەلۇم مەرىپەتپەرۋەرلىك خاھىشىغا ئىگە بولسىمۇ ھەمدە ناۋائىيدەك زور ئىقتىدار ۋە ئىناۋەتكە ئىگە دوستى بولغىنى ئۈچۈن پەخىرلەنسىمۇ، لېكىن چىقىرىلغان تۆھمەتلەر، ئالدامچى ئىغۋالار تەسىرىدە ناۋائىيدىن خۇدۈكسىرەيدىغان بولۇپ قالدى. ئۇنى ھىراتتىن يىراقتىكى ئاستىرابادقا ھاكىم قىلىپ ئەۋەتىشىمۇ شۇ خۇدۈكسىرەشنىڭ بىر ئىپادىسى ئىدى.

ئەلىشىر ناۋائىي ئاستىرابادقا ئىلاجسىزلىقتىن بارغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ يەردىكى خەلقنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئېھتىياجى ۋە ئۈمىدى ئالدىدا ئۆز ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشقا كىرىشتى ۋە دەرھال بۇ پاراكەندە شەھەردە تەرتىپ ئورنىتىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش تەدبىرلىرىنى ئېلىپ باردى. ئۇزۇن بۇنىڭ نەتىجىسى ئارقىلىق خەلقنىڭ چوڭقۇر مۇھەببىتى، يۈكسەك ھۆرمىتىگە ئېرىشتى. يەنە بىر ياقتىن ئەدەبىي ئىجادىيەتتە مول ھوسۇل ياراتتى.

ناۋائىينىڭ ھىراتتا يوقلۇقى مەجدىددىن قاتارلىقلارنىڭ رەزىل ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن قولاي پۇرسەت بولدى. ئۇلار پادىشاھنى كەيىپ ـ ساپاغا تېخىمۇ زورلاپ، قۇرۇقدالغان خەزىنىنى تولدۇرۇش ۋە قاقتى ـ سوقتى قىلىش ئۈچۈن سېلىقلارنى كۆپەيتىپ خەلقنى خاھلىغانچە شىلغىلى تۇردى، پادىشاھ بارغانسىرى چۈشكۈنلەشتى. بۇ ئەھۋاللار يىراقتىكى ناۋائىينىڭ قەلبىنى ئازابلىماي قويمىدى، سۇ بېشىدىن لاي بولغاچقا، بارغانسىرى ئوردىدىن رايى قايتتى. ئۆزىمۇ چارچىدى. شۇڭا، قايتا ـ قايتا ئىلتىماس قىلىپ ئىككى يىلدىن كېيىن ھىراتقا قايتىپ كەلدى. ئۇ بۇنىڭدىن كېيىن دۆلەت ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىقنى بىلدۈرسىمۇ، لېكىن پادىشاھ ئۇنىڭغا «مۇقەررەبى ھەزرەتى سۇلتانى / ھەزرەتى سۇلتاننىڭ ئەڭ يېقىنى» دېگەن پەخرى ئۇنۋاننى بەردى.

لېكىن، مەجدىددىن ئېقىمدىكىلەر ناۋائىيدىن يەنىلا خاتىرجەم بولالمىدى، تۆھمەت ئويدۇرۇپ ئۇنىڭغا بولغان دۈشمەنلىكنى داۋاملاشتۇردى. بۇ ئەھۋال جەمىئيەتتە چوڭ نارازىلىق قوزغىدى. شۇ چاغدا ناۋائىينىڭ ئىنىسى، بەلخ ھاكىمى دەرۋىش ئەلى پادىشاھقا ئىسيان كۆتۈردى. ناۋائىينىڭ دۈشمەنلىرى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، «بۇ ھەرىكەتكە ناۋائىي قۇتراتقۇلۇق قىلدى» دەپ پادىشاھقا چېقىمچىلىق قىلدى. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان ناۋائىي تەشەببۇسكار بولۇپ، پادىشاھ قوشۇنى بىلەن بىللە دەرۋىش ئەلىنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئىسياننى تىنجىتتى. ئەسلىدە بۇ ئىسيان ئوردىدا ناۋائىيغا قىلىنىۋاتقان دۈشمەنلىك ھەرىكەتلىرىگە نارازىلىقتىن ۋە مەجدىددىننى ئورنىدىن ھەيدەش مەقسىتىدە پارتلاپ چىققان ئىدى. بۇ ئىسيان تىنجىتىلغاندىن كېيىن مەجدىددىنمۇ مەنسىپىدىن ئايرىلدى.

لېكىن، ئۇنىڭ ئورنىغا چىققان نىزامۇلمۇلىك تېخىمۇ رەزىل ۋەزىر ئىدى. نىزامۇلمۇلىك ۋە ئۇنىڭ ئېقىمىدىكىلەر ناۋائىيغا بولغان دۈشمەنلىكىنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىللە ئوردا ئىچىدە پىتنە ئۇيۇشتۇرۇپ شاھزادىلەر ئارىسىدا نىزا پەيدا قىلىپ، يېڭى ـ يېڭى پاراكەندىچىلىكلەرنى تۇغدۇردى. نەتىجىدە تەخت ۋارىسلىرى بىلەن پادىشاھ ھۈسەيىن بايقارا ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت كۈچەيدى. ناۋائىي بولسا مەملىكەتنىڭ تىنىچلىقىنى قوغداش نىيىتىدە پادىشاھقا مەسلىھەت بېرىپ، شاھزادىلارغا نەسىھەت قىلىپ، زىددىيەتنى پەسەيتىشكە تىرىشتى. لېكىن، خانىش خەدىچە بىگىم نىزامۇلمۇلىك بىلەن تىل بىرىكتۈرۈش، ئۆز ئوغلىنىڭ تەختكە ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقىغا يول ئېچىش ئۈچۈن ئۆگەي ئوغلى، چوڭ شاھزادە بەدىئۇززامان بىلەن پادىشاھ ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈش ھەرىكىتىدە بولدى ۋە ئاخىرى پادىشاھنىڭ مەسلىك ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ قول قويدۇرۋالغان پەرمان بويىچە بەدىئۇززاماننىڭ ئوغلى مۆمىن مىرزىنى قەتل قىلىشتى.

مۆمىن مىرزىنىڭ پاجىئەسىگە ناۋائىي چوڭقۇر ئېچىندى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە كەسكىنلىشىۋاتقان نىزالارنىڭ مەملىكەتكە ئېيتقۇسىز دەھشەتلىك ئاقىۋەتلەر كەلتۈرۈشىدىن قاتتىق تەشۋىشلەندى. (كېيىنكى دەھشەتلىك پاجىئەلەر شايبانخاننىڭ خۇراسانغا سالغان ئېغىر ئاپىتى ناۋائىينىڭ بۇ تەشۋىشلىرىنىڭ نەقەدەر ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى). شۇنىڭ ئۈچۈن، ناۋائىينىڭ پادىشاھقا بولغان نارازىلىقى كۈچەيدى. شۇنداق بولسىمۇ، مەملىكەت مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتۇپ، نىزالارنى پەسەيتىش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. بىراق بۇ يولدىكى تىرىشچانلىقلار ئۈنۈم بەرمەي قالدى. چۈنكى، ھۈسەيىن بايقارا ھاكىمىيتى ئۆز ئىچىدىن چېرىپ ھالاكەتكە يۈز تۇتقانىدى.

گەرچە ناۋائىينىڭ نۇرغۇنلىغان ئارزۇلىرى توسالغۇغا ئۇچرىغان، نۇرغۇن ئەجرى زايا كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئەدەبىي ئىجادىيىتىدە شانلىق ھاياتىي كۈچ تاپتى. ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىقى يىللىرىدا ئىجادىيەتتە تېخىمۇ مول ئۈنۈم ھاسىل قىلدى.

1492 ـ يىلى ئەلىشىر ناۋائىينىڭ پىر ئۇستازى ئابدۇرراھمان جامىي ئالەمدىن ئۆتتى. بۇ ناۋائىي ئۈچۈن ئېغىر مۇسىبەت بولدى. يىللار ئۆتكەنسىرى ئۇنىڭ قەدىناس يۆلەنچۈكلىرى ۋە قەدىردان دوستلىرىنىڭ قاتارى شالاڭلاپ باردى. زامان غەۋغاسىدىن كەلگەن كۆڭۈلسىزلىكلەرگە قوشۇلۇپ كەلگەن جۇدالىق دەردى ئۇنىڭ قەلبىنى تېخىمۇ ئازابلىدى. شۇنداقتىمۇ بەرداشلىق بېرىپ، ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن جىددىي شۇغۇللاندى ۋە بۇنىڭ ناھايىتى زور ئۈنۈمىدىن تەسەللىي تاپتى.

ئېغىر جاپالىق ئىجتىمائىي پائالىيەت ۋە قاتتىق ئىجادىي مەشغۇلات ئەلىشىر ناۋائىينى بالدۇرراق قېرىتىپ قويدى، تېنى زەئىپلىشىپ، ئەسەبلىرىمۇ ئاجىزلاشتى. ئاخىرى قۇتۇلغۇسىز ئەجەل يېتىپ كەلدى ـ دە، 1501 ـ يىلى 3 ـ يانىۋاردا 60 يېشىدا بۇ ئۇلۇغ زات ھاياتلىقتىن مەڭگۈ ۋىدالاشتى.

* * * * * * * *

ئەلىشىر ناۋائىينىڭ ھاياتى ئۆز دەۋرىدىكى ئادالەت ۋە مەرىپەتنىڭ بايراقدارى بولغان بۈيۈك مۇتەپەككۇرنىڭ، ئالەمشۇمۇل مول بەدىئىي بايلىق ياراتقان ئۇلۇغ سەنئەتكار شائىرنىڭ ھاياتىدۇر. شۇڭلاشقىمۇ ئۇ جاھان كىلاسسىكلىرىنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.

ئەلىشىر ناۋائىي ۋە ئۇنىڭ پېشقەدەم زامانداشلىرى بولغان، جۈملىدىن ناۋائىي ئۆزى «ئۇيغۇر ئىبارىسىنىڭ فۇسەھاسى ۋە تۈرك ئەلفازىنىڭ بۇلەغاسى / ئۇيغۇر ئىبارىلىرىغا ماھىر، تۈركىي تەلەپپۇزغا كامىل» دەپ ئاتىغان سەككاكىي ۋە لۇتفىيلار ئۆز ئىجادىيىتىدە قوللانغان مىللىي تىل «چاغاتاي تىلى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. چۈنكى، بۇ تىل شۇنداق تارىخىي دەۋردە — شەرقىي تۈركىستان ۋە غەربىي تۈركىستاندا ھۆكۈم سۈرگەن چاغاتاي خانلىقى دەۋرىدە ھاكىمىيەتنى مەركەزلەشتۈرۈش ۋە ئۇنى مۇستەھكەملەش ئېھتىياجى ھەمدە مىللىي ئەدەبىياتنىڭ تەرەققىيات تەقەززاسى ئارقىسىدا شەكىللەنگەن بولۇپ، نۇرغۇن تارىخچى، تىلشۇناسلارنىڭ ئىسپاتلىشىچە، بۇ تىلغا ئەرەب ۋە پارىس تىلىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا كۈچلۈك تاقابىل تۇرىدىغان ئۇيغۇر تىلى (ياكى يۈسۈپ خاس ھاجىب، ئەھمەد يۈكنەكى تىلى، يەنى خاقانىيە تىلى، كاشغەر تىلى) ئاساس بولغان ئىدى. دېمەك، ناۋائىي چاغاتاي تىلىدىكى ئەدەبىياتنىڭ ئەڭ يىرىك ۋەكىلى. تىل جەھەتتىكى ئوخشاشلىق بىلەن بىللە ئېتنىك، ئەدەبىي ئەنئەنە جەھەتتىكى ئورتاقلىق، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ناۋائىي ئىجادىيىتىگە بولغان ئىزچىل ۋارىسلىق قاتارلىق ئامىللار ئەلىشىر ناۋائىينى ئۇيغۇر خەلقنىڭمۇ شائىرى دېيىشكە ئاساس بېرىدۇ.

ناۋائىي بەدىئىي مىراسى ئۇيغۇرلار ئىچىگە ناھايىتى كەڭ تارقالغان، بولۇپمۇ سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدە ۋە ئۇندىن كېيىنمۇ كاشغەر، يەكەن، خوتەن، ئاقسۇلاردا، شۇنىڭدەك قۇمۇل، تۇرپاندا. ناۋائىي ئەسەرلىرىنىڭ ئۇيغۇر خەتتاتلىرى تەرىپىدىن كۆچۈرۈلگەن ھەرخىل كىتابات ۋە دىۋانلىرى ھەددى ـ ھېسابسىز دېگۈدەك نۇرغۇن بولغان. ئەپسۇسكى ئۇلارنىڭ بىر قىسمى ھەرخىل يوللار بىلەن چەتئەللەرگە ئېلىپ كېتىلگەن (ئۇلارنىڭ ئىچىدە تارىخى ئۇزۇن ۋە بىر قەدەر مۇكەممەل نۇسخىلارنىڭ ئاز ئەمەسلىكى مەلۇم)؛ بىر قىسمى ئۆتمۈشتىكى جاھالەتپەرەس مۇستەبىتلەر تەرىپىدىن تەپتىش قىلىنىش، مۇسادىرە قىلىنىش نەتىجىسىدە يوقالغان؛ بىر قىسمى ئاپەتلىك «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» مەزگىلىدە كۆيۈپ كۈلگە ئايلانغان شۇنداقتىمۇ ھازىر يەنىلا ساقلىنىپ قالغان قوليازما نۇسخىلىرى ئاز ئەمەس.

شۇنىمۇ ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ناۋائىيدىن كېيىن ئۆتكەن ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بۇ ئۇلۇغ سەنئەتكارنى ئۆزلىرىنىڭ «پىر ـ ئۇستازى» دەپ بىلىپ، ئۆز ئىجادىيىتىدە ئۇنىڭدىن ئۈلگە ئالدى؛ نەچچە يۈز يىلدىن بېرى ناۋائىي ئەسەرلىرى ئۇيغۇر مەدرەسە ـ مەكتەپلىرىنىڭ مۇھىم دەرسلىكى بولۇپ ئوقۇلدى؛ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىلاسسىك مۇزىكا ـ نەغمە قامۇسى بولغان 12 مۇقام ناخشىلىرىنىڭ تولىسى ناۋائىي تېكىستلىرى (غەزەللىرى) بىلەن ياڭرايدۇ.

* * * * * *

ئەلىشىر ناۋائىينىڭ يېرىم ئەسىرلىك ئەدەبىي مىراسى ناھايىتى زور سالماققا، بىباھا قىممەتكە ئىگە مەڭگۈ ئۆلمەس بايلىقتۇر. ئۇنىڭ ئىچىدە «خەزائىنۇلمەئانى / مەنىلەر خەزىنىسى» ناملىق دىۋانى ۋە «خەمسە» ئاتلىق داستانلار توپلىمى ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ.

«خەزائىنۇلمەئانى» ناۋائىي ھايات ۋاقتىدا تۈزۈلگەن «غەرائىبۇس سىغەر / ئۆسمۈرلۈك غەرائىبلىرى»، «نەۋادىرۇش شەباب / يىگىتلىك نادىرلىقلىرى»، «بەدائىئۇل ۋەسەت / ئوتتۇرا ياشلىق گۈزەللىكلىرى» ۋە «فەۋائىدۇل كىبەر / قېرىلىق نەپلىرى» دەپ ئايرىم ـ ئايرىم نام قويۇلغان تۆت يىرىك دىۋاندىن ئىبارەت بولۇپ، غەزەل، مۇخەممەس، مۇسەددەس، مۇسەممەن، مۇستەزاد، قەسىدە، قىتئە، رۇبائىي، مەسنەۋىي، تەرجىبەد، ساقىناما، مۇئەمما، چىشان، تۇيۇق، فەرد قاتارلىق 16 خىل كىلاسسىك لىرىك ژانىردىكى ئەسەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

«خەزائىنۇلمەئانى» دىۋانىنىڭ ئاساسىي قىسمى غەزەلدىن ئىبارەت (ھەر بىر دىۋاندا 650 دىن غەزەل بار) بولۇپ، بۇ «چاغاتاي تىلى» دا يېزىلغان لىرىك شېئىرىيەتنىڭ ئەڭ يۈكسەك چوققىسى. ناۋائىي غەزەللىرى غەزەلچىلىكتىكى ئەنئەنىۋىي تېماتىك مەزمۇنىنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك يۈكسەك بەدىئىي ئىپادىسى بولۇپلا قالماي، بەلكى ئەڭ مۇھىمى، شائىرنىڭ ئۆز دەۋرىگە بولغان مۇناسىۋىتىدىن تۇغۇلغان، كونكىرىت ۋەقە، ھادىسىلەردىن بىۋاسىتە ھاسىل قىلغان چوڭقۇر تەپەككۇرىنىڭ يۈكسەك بەدىئىي ئىپادىسى. شۇنىڭدەك «فانىي» تەخەللۇسى بىلەن تۈزۈلگەن دىۋانى پارىس تىلىدىكى نادىر لىرىكلاردۇر.

«خەمسە» — 1483 ـ يىلىدىن 1485 ـ يىلى ئارىلىقىدا يېزىلغان «ھەيرەتۇل ئەبرار»، «فەرھاد ۋە شېرىن»، «لەيلى ۋە مەجنۇن»، «سەبئەئىي سەييار»، «سەددى ئىسكەندەر» ناملىق بەش داستان. ئۇ «خەمسە»چىلىك ئەنئەنىسىنىڭ يۈكسەك ئىجادىي تەرەققىياتى. ناۋائىي ئۆز ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا يازغان «لىسانۇت تەير / قۇشلار تىلى» داستانىمۇ «خەمسە» داستانلىرىغا ئوخشاش بىباھا ئەسەردۇر. ناۋائىي بۇ داستانلاردا يۈكسەك ماھارەت بىلەن ئاجايىب قىزىقارلىق سىيوژىتلار ئاساسىدا، ئالىيجاناپ، گۈزەل ئىنسانى پەزىلەت ئىگىلىرىنىڭ سۆيۈملۈك تىپىنى، ئۇنىڭ ئەكسى بولغان سەلبىي قەھرىمانلارنىڭ يىرگىنىشلىك ئوبرازىنى ياراتقان، ھەر خىل بەدىئىي ۋاسىتىلار ئارقىلىق چوڭقۇر ئەھمىيەتلىك، ھېكمەتلىك پىكىر دۇردانىلىرىنى چاچقان.

بۇلاردىن باشقا «مەھبۇبۇل قۇلۇب»، «مەجالىسۇن نەفائىس»، «خەمسەتۇل مۇتەھەييىرىن / خمسة المتحيِّرين»، «ھالاتى سەييىد ھەسەن ئەردەشىر»، «ھالاتى پەھلەۋان مۇھەممەد»، «ۋاقىفىيە»، «مۇنشەئات»، «مۇھاكەمەتۇل لۇغەتەين»، «مىزانۇل ئەۋزان»، «مۇفرەدات»، «تارىخى مۇلۇكى ئەجەم»، «نەسائىمۇل مەھەببەت»، «تارىخى ئەنبىيا ۋە ھۇكەما» قاتارلىق ئەسەرلىرىمۇ ناھايىتى زور ئىلمىي ۋە بەدىئىي قىممەتكە ئىگە.

مۇمكىن بولمىغان پاسسىپ ئامىللار ناۋائىينىڭ ئۇلۇغۋار سىماسىنى ھەرگىزمۇ خۇنۈكلەشتۈرۈۋېتەلمەيدۇ. شۈبھىسىزكى، ئۇ ئۆز دەۋرىدىكى ئەڭ ئىلغار ئىجتىمائىي ئىدىئولوگىيەنىڭ ئالدىنقى ۋەكىلى ۋە ئاكتىپ ئۈلگىسى بولۇش بىلەن بىللە، پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئورتاق مەڭگۈ ئۆلمەس شانلىق پىكىر دۇردانىلىرىنى قالدۇرۇپ كەتكەن ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر، شائىر.

ئەلىشىر ناۋائىينىڭ بەدىئىي ماھارىتى ئادەم ئەقلىنى تېخىمۇ لال قىلىدۇ. ئۇ مىللىي ئەدەبىي مىراسلارغا ئىجادىي ۋارىسلىق قىلىش ۋە پارىس شېئىرىيىتىنى جەۋھىرىنى جانلىق قوبۇل قىلىش ئارقىلىق، زور ناۋاتورلۇقنى جارى قىلىپ، ئەدەبىي ئىجادىيەتتە يۈكسەك چوققىغا چىقتى.

ناۋائىيدىكى ناۋاتورلۇق ئالدى بىلەن غەزەلچىلىكتە گەۋدىلىنىدۇ. ئاتائىي، سەككاكىي، لۇتفىيلار چاغاتاي تىلىدىكى غەزەلچىلىكنىڭ ئاساسچىلىرى بولۇپ، بۇ جەھەتتە ناۋائىي ئۇلارنىڭ غەزەلچىلىك ئەنئەنىسىگە ئىجادىي ۋارىسلىق قىلدى.

ناۋائىي مىللى خەمسەچىلىكنىڭ ئاتىسى ئىدى. ئۇ پارىس ئەدەبىياتىدىكى خەمسەچىلىكتىن ئۈلگە ئېلىپ، نىزامىي گەنجەۋىي، خۇسراۋ دېھلەۋىي ۋە ئابدۇرراھمان جامىيلارغا ئىجادىي ياندىشىپ، مىللى خەمسەچىلىكنىڭ شانلىق ئۈلگىسىنى ياراتتى. گەرچە ئۇ خەمسەنى ئەنئەنىلىك سىيوژىتلار ئاساسىدا يازغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ سىيوژىت ۋە كومپوزىتسىيەلىك قۇرۇلۇشىغا يېڭىلىق كىرگۈزدى. بەزى مۇھىم قەھرىمانلار ئوبرازىنى قايتىدىن ياراتتى، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ مۇشۇ خىل پەلسەپەۋىي ۋە ئىستېتىك قاراشلىرىنى سىڭدۈردى. ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى ناۋاتورلۇقى، بولۇپمۇ «فەرھاد ۋە شېرىن» داستانىدا ئالاھىدە گەۋدىلەنگەن.

ناۋائىي شېئىرىيەتتە، بولۇپمۇ غەزەلچىلىكتە ئارۇز ۋەزنىنى ناھايىتى كەڭ ۋە ئەركىن جارى قىلدى. ئۇ، بۇ ۋەزنىنى مىللىي تىل ئەۋزەللىكى ۋە مىللىي شېئىرىيەت ۋەزىن شەكىللىرى بىلەن تېخىمۇ بېيىتتى. ئەڭ مۇھىمى، ئۇ ۋەزىن شەكىللىرىنى مەزمۇن تەلىپي بويىچە تاللىدى، يەنى نەزم ۋەزنىنى يۈرەك كۈيگە تەڭكەش قىلدى. بۇ ناۋائىي شېئىرىيىتىنىڭ شەكىلۋازلىقتىن خالىي بولۇشىنى تەمىنلىگەن مۇھىم بىر ئامىل.

ناۋائىي ئىستىلىستىك يەنى بەدىئىي تەسۋىرىي ۋاستىلەرنى ماھارەت بىلەن قىلىشنىڭ ئاجايىب جىلۋىدار ئۈلگىسى. بۇنى تۆۋەندىكى بىرقانچە مىساللاردىنمۇ ئوچۇق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

ناۋائىي ئوبرازلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى بولغان ئوخشىتىش سەنئىتىگە ئىنتايىن ماھىر. تۆۋەندىكى غەزەل بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالى بولالايدۇ:

كۆز ياشىم بولدى رەۋان بىر نەرگىسى جادۇ كۆرۈپ،

تىفل(2) يەڭلىغكىم يۈگۈرگەي ھەر تەرەف ئاھۇ كۆرۈپ.

قالدى ھەيران زاھىد ئەشكىمدە كۆرۈپ ھەريان ھۇباب(3)

رۇستايىدەككى(4) ھەيرەت ئەيلىگەي ئوردۇ كۆرۈپ.

جان ئارا تىغىڭ كۆرۈپ كۆڭلۈم قۇشى تۈزدى ناۋا،

تۇتئىدەككىم تەكەللۈپ ئەيلەگەي كۆزگۈ كۆرۈپ.

ۋادەئى ئىشقىڭ مەكان قىلدى كۆڭۈل كۆرگەچ يۈزۈڭ،

ئەل بايابان ئىچرە مەنزىل ئەيلىگەندەك سۇ كۆرۈپ.

جاندا ئۆز داغىن كۆرۈپ ئاشىقلىقىمنى ئاڭلادى،

ئول كىشىدەككىم تانغاي ئۆز قۇلىن بەلگۈ كۆرۈپ.

بادە تۇتقاچ دىمە بىخۇد ئولدىكىم ئول كۆزگۈدىن،

باردى ھوشۇم يار ھۆسنى جىلۋەسىن ئوترۇ كۆرۈپ.

ئەي ناۋائىي، دەفئى ئولۇر خالىن كۆرۈپ كۇفى غەمىم،

فىل يەڭلىغكىم ھەزىيمەت ئەيلەگەي ھىندۇ كۆرۈپ(5).

بۇ غەزەلنىڭ ھەر بىر بېيتى ئوخشىتىش ئاساسىغا قۇرۇلغان. ئۇنىڭ بەزىسى شەكىل جەھەتتىكى، بەزىسى ھەرىكەت جەھەتتىكى، بەزىسى ماھىيەت جەھەتتىكى ئوخشىتىشلار بولۇپ، ھەممىسى تۈپ مەزمۇننى چۆرىدەپ پىكىرگە جۇلا بەرگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە قاپىيەمۇ ئوخشىتىش ياكى ئوخشىتىشقا زىچ مۇناسىۋەتلىك جۈملىلەر بولۇپ، پىكىرنى ئىپادىلەشتىكى مۇھىم ھالقا، ئۇنىڭ پىكىرنى مەركەزلەشتۈرۈش، نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈشتىكى رولى ئىنتايىن چوڭ. بۇ غەزەلدە يەنە سۈپەتلەشنىڭمۇ نۇرغۇن گۈزەل ئۈلگىلىرى بار.

تا جىلۋە قىلدى ئول سەنەم، لەيلى سۆزى بولدى ئەدەم،

سەۋدام ئوتى چەككەچ ئەلەم، پەسىت ئەتتى مەجنۇن شۆھرەتىن(6).

بىز بۇ مىسرالاردىن جانلاندۇرۇشنىڭ ئاجايىب ئېسىل ئۈلگىسىنى كۆرىمىز. بۇ يەردىكى «سەنەم» لىرىك قەھرىماننىڭ مەشۇقى. ئۇنىڭ جىلۋىسى بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا لەيلىنىڭ ئىشق ئوتىنى بېسىپ چۈشكەن يالقۇن سۈپىتىدە گەۋدىلىنىدۇ. شۇنداقلا لىرىك قەھرىمان ئۆز سەۋداسى بىلەن مۇھەببەت مەيدانىدا مەجنۇن بىلەن مۇسابىقىلىشىپ قالىدۇ. بىز بۇ يەردە لىرىك قەھرىمان سەۋداسىنىڭ مەيداندا بايرىقىنى جەۋلان قىلىپ، قەيسنىڭ مەجنۇنلۇق شۆھرىتىنى سۇندۇرغانلىقىنى كۆرىمىز.

ناۋائىينىڭ سۆز (ھەرپ) ئويۇنىمۇ ئادەمنى مەپتۇن قىلىدۇ.

مېھىر ئاڭلاپ ئاشىق ئولدۇم، سوڭرە يەتتى كۇھى غەم،

نى ئەجەب، ئىشق ئىبتىداسى ئەين ئېرور، فايانى قاف(7).

بۇ بېيتنىڭ ئالدىنقى مىسراسىدا لىرىك قەھرىماننىڭ دەسلەپ مەشۇقىدىن مېھرىبانلىق ئالامىتىنى كۆرۈپ ئاشىق بولغانلىقى ئوچۇق ئىپادىلەنگەن. كېيىنكى مىسراسىدا بولسا، بۇ پىكىر ھەرپ ئويۇنى ئارقىلىق باشقىچە بىر مەجازىي ئىپادە تاپقان — «ئىشق» دېگەن سۆز ئەرەبچە «ئەين» ھەرىپى بىلەن باشلىنىدۇ. «ئەين» قۇياش ياكى يورۇقلۇق دېگەن مەنىگىمۇ ئىگە. «ئىشق» نىڭ ئاخىرقى ھەرىپى «ق» يەنى «قاف» بولۇپ، بۇنىڭ يەنە بىر مەنىسى كۆيقاپ، بۇ يەردە ھەرپ ئويۇنى ئارقىلىق «ئىشق دەسلەپتە ماڭا قۇياشتەك يورۇق كۆرۈنۈپ، ئاخىرى كۆيقاپ ئازابىنى كۆرسەتتى» دېگەن مەنا گەۋدىلەنگەن.

ناۋائىي رۇبائىيچىلىقنىڭمۇ مەشھۇر ۋەكىلى. ئۇ ئۆز رۇبائىيلىرىدا نۇرغۇنلىغان ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە دانالىق بىلەن جاۋاب بەرگەن، پەلسەپە قاراشلىرىنى ھەر خىل بەدىئىي ۋاسىتىلەر ئارقىلىق جانلىق، تەسىرلىك ئىپادىلىگەن. شۇنىڭدەك تۇيۇق، مۇئەممالىرىدە تىل سەنئىتىنىڭ ئىنتايىن گۈزەل جىلۋىسىنى كۆرسەتكەن.

ناۋائىينىڭ بەدىئىي ماھارىتىنى ھەقىقەتەنمۇ بىر مۇئجىزە دېيىشكە بولىدۇ. بىز ئۇنىڭ بۇ مۆجىزىلىك ئىجادىيەت خەزىنىسىگە قانچە ئىچكىرىلەپ كىرگەنسېرى، گويا بىر سېھرىي كۈچنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاندەك، شۇنچە چوڭقۇر مەپتۇنلۇق ۋە ھاياجان ئىچىدە قالىمىز. ئۇ ئۆزىنىڭ مۇشۇنداق ئۇلۇغ سەنئەتكارلىقى بىلەن ئىنسانىيەتنىڭ مەنىۋى ئىپتىخارى بولۇپ قالدى.

ناۋائىي يەنە ئەدەبىي تىل، ئەدەبىيات تەتقىقاتى ۋە ئەدەبىيات تارىخىغا ئائىت، ئۆز ھاياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن بىر قىسىم زامانداشلىرىنى ھاياتى ۋە پائالىيتىگە ئائىت نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازدى. بۇ ئەسەرلەر تارىخىي، ئىلمىي ۋە بەدىئىي جەھەتتىكى قىممىتى بىلەن ناۋائىي مىراسىدا چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە.

شۈبھىسىزكى، بەش يۈز يىلدىن بۇيانقى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى ناۋائىيسىز تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس. ئۇ مۇشۇ يىللار جەريانىدىكى ئەدەبىياتىمىزنىڭ مۇھىم بىر ئۈلگىسى بولغىنىدەك، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ يەنە مۇھىم ئۈلگە بولىدۇ. بۇنىڭدىن شۇنداق بىر خۇلاسە كېلىپ چىقىدۇكى، ناۋائىينىمۇ ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىش يېڭى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭمۇ تەرەققىيات ئېھتىياجى.

 

«تارىم» ژۇرنىلىنىڭ 1986 ـ يىلى 9 ـ سانىدىكى تېيىپجان ئېلىيۇپ تەييارلىغان شۇ ناملىق ماقالىدىن قىسقارتىپ ئېلىندى.

(ئەسكەرتىش: ماقالىنى قىسقارتىپ ئالغۇچى نامەلۇم. ماقالىدىكى «شىنجاڭ»، «جوڭگۇ» دېگەندەك بەزى كەلىمەلەر تەھرىرلەندى.)

 


[1]: «غەرايىبۇس-سىغەر»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2011 – يىلى، 1 – نەشرى، 263 – غەزەل. (چاغاتايچە نۇسخا 375 – بەت)
[2]: تىفل: كىچىك بالا.
[3]: ھۇباب: كۆپۈك.
[4]: رۇستايى: سەھرالىق.
[5]: «غەرايىبۇس-سىغەر»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2011 – يىلى، 1 – نەشرى، 63 – غەزەل. (چاغاتايچە نۇسخا 99 – بەت)
[6]: «غەرايىبۇس-سىغەر»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2011-يىلى، 1-نەشرى، 527-غەزەل. (چاغاتايچە نۇسخا 713-بەت)

يۇقارقىسى ھۆسىنى مەتلەئ (2 – بېيت)، مەتلەئى:

چەككەندە نەققاشى ئەزەل ئول سەرۋى گۈلرۇخ سۈرەتىن،

گويا بەكەنمەي تاشلامىش تەرھ ئەيلەپ ئاي كۈن ھەيئەتىن.
[7]: «غەرايىبۇس-سىغەر»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2011 – يىلى، 1 – نەشرى، 319 – غەزەل. (چاغاتايچە نۇسخا 450 – بەت) 3 – بېيت، مەتلەئى:

ياشۇرۇن غەمزەڭ قىلىچىكىم قىلۇر كۆكسۈم شىكاف،

بۇكى مەخپىيدۇر ئاڭا گويا قاشىڭ بولمىش غىلاف.

Please follow and like us: