ياخشى ئۈلگە – مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم  

ياخشى ئۈلگە – مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم  

ئەبۇ ئابدۇرراھمان ئىدرىسىي

 

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم 63 يىل ياشىدى، 40 يېشىدا ۋەھيى كەلدى، ھەمىشە تىرىشىپ كۈرەش قىلدى، قەۋمىگە دەۋەت قىلدى، 23 يىل ئەگەشكۈچىلىرىنى تەربىيەلىدى، ئەرەبلەرنىڭ ئىدىيەسىگە مەھكەم ئورناپ كەتكەن بۇتپەرەسلىكنى يوقىتىپ، ئۇلۇغ تەۋھىد مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسلىرىنى چىڭىتتى.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تارىخىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ، ئۇ زاتنىڭ ئەخلاقى ھەققىدە ئويلانغان ئادەم ئاشۇ تارىخ ۋە ئەخلاقلارنى ئوقۇش ئارقىلىق ئۇ زاتنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى، چاقىرىۋاتقان دەۋىتىنىڭ راستلىقىنى، ئۇنىڭدا پۈتۈن ئىنسانىيەت ئەگىشىپ ماڭسا بولغۇدەك نەمۇنە ۋە ئۆرنەكلەرنىڭ بارلىقىنى، دۇنيا – ئاخىرەت سائادىتى ئاچقۇچىنىڭ ئۇنىڭدا ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلماي قالمايدۇ. سەۋەبى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەخلاقى ئىسلامنىڭ قىممەت – قاراشلىرى ۋە ئىسلام تەلىماتلىرى ئۈستىگە بەرپا بولغان. ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقى بۇ توغرا دىننىڭ ئۇلۇغلۇقىدىن ئېتىلىپ چىققان. بۇ سۆزىمىزگە ئاللاھ تائالا ئۆزى گۇۋاھتۇر، ئاللاھ پەيغەمبىرىنى مەدھىيەلەپ دەيدۇكى: ﴿سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك ئەخلاققا ئىگىسەن﴾(68/«قەلەم»: 4). قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەخلاقى ھەققىدە سورىغاندا، ئۇ: «ئۇ زاتنىڭ ئەخلاقى ‹قۇرئان› ئىدى» دېگەن(1).

ئەخلاقى «قۇرئان كەرىم» بولغان زاتنىڭ ھەربىر سۈپەتلىرى، ھەربىر ئىش – ھەرىكىتى ئۆگىنىشكە، ئەگىشىشكە لايىق خىسلەتلەردۇر.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تارىخىنى ئىنچىكە تەكشۈرگەن كىشى ئۇ زاتنىڭ مېھىر – شەپقەت، شىجائەت، راستچىللىق، ئىشەنچىلىكلىككە ئوخشاش ئەخلاقلىرىنىڭ ئۇ زاتتا كىچىكىدىن تارتىپلا بارلىقىنى، بۇ ئەخلاقلارنىڭ ئۇنىڭدا ھېچ زورۇقماستىن تېز ۋە تەبىئىي شەكىلدە نامايان بولىدىغانلىقىنى بايقايدۇ. شۇڭلاشقا، ئۇ قۇرەيش كىشىلىرى ئارىسىدا «ئىشەنچىلىك» دېگەن نام بىلەن تونۇلغان ئىدى. ئۇلار ئۇ زاتنىڭ راستچىللىقى، ئىشەنچىلىكلىكى ۋە ئىخلاسىدىن شەكلەنمەيتتى. ئەرەب قەبىلىلىرى ھەجەرۇلئەسۋەدنى كەئبەدىكى ئۆز ئورنىغا كىمنىڭ قويىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇزۇن ئىختىلاپلىشىپ، ھەممىسى رازى بولغۇدەك ھەل قىلىش چارىسى تاپالمىغان چاغدا، ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرى بۇ ئىشنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئايرىپ قويۇشىغا توختىغانىدى.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ئىشنى ناھايىتى ھېكمەت بىلەن بىر تەرەپ قىلدى. ئۇ تونىنى سېلىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەجەرۇلئەسۋەدنى قويدى ۋە ھەممە قەبىلىلەرنىڭ باشلىقلىرىنى بۇ توننى بۇرجەكلىرىدىن تۇتۇپ، ھەجەرۇلئەسۋەدنى ئۆز ئورنىغا ئاپىرىشقا بۇيرۇدى. بۇ ئۇ زاتنىڭ پەيغەمبەر بولۇشتىن بۇرۇنقى ئەھۋالى بولۇپ، ياخشى ئويلىنىپ باققىن.

دېمەك، ئۇ زاتنىڭ ھېكمىتى ئەرەب قەبىلىلىرىنى فىتنەدىن ۋە ئۇرۇشۇشتىن ساقلاپ قالدى.

ئۇ زاتنىڭ ئەدەب – ئەخلاقى ۋەھيى بىلەن تېخىمۇ ئارتتى ۋە تېخىمۇ كامال تاپتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇ زاتنىڭ ئەخلاقى ھەققىدە سورالغاندا، «قۇرئان كەرىم»گە مۇراجىئەت قىلىشنى كۆرسەتكەنىدى. چۈنكى، ئۇ «قۇرئان كەرىم»نىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئورۇنلاش، توسۇقلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق «قۇرئان كەرىم»نىڭ كۆرسەتمىلىرىنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلغان ۋە تەلىماتلىرىنى ئۆزلەشتۈرگەن ئىدى. ئەگەر ھەزرىتى ئائىشە ئۇ زاتنىڭ ئەخلاقلىرى ۋە سۈپەتلىرىنى تەپسىلىي سۆزلىمەكچى بولغان بولسا، ئۇلارنى دەپ بولالمىغان بولاتتى.

ئىبنى ھىشام سىيرەت كىتابىدا بايان قىلىدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم چوڭ بولدى. ھالبۇكى، ئاللاھ تائالا ئۇنى جاھىلىيەتنىڭ كىرلىرىدىن ساقلاپ كەلدى. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا ھۆرمەت ۋە پەيغەمبەرلىكنى ئىرادە قىلغان چاغدا، ئۇ ئۆز قەۋمى ئىچىدە ئادەمگەرچىلىكى ئەڭ يۇقىرى، ئەخلاقى ئەڭ گۈزەل، نەسەبى ئەڭ ئېسىل، قوشنىدارچىلىقى ئەڭ ياخشى، مۇلايىملىقتا ئەڭ كاتتا، سۆزىدە ئەڭ راستچىل، مۇئامىلىدە ئەڭ ئىشەنچلىك، كىشىنىڭ ئوبرازىنى بۇلغايدىغان يامان ئىشلاردىن ۋە ناچار ئەخلاقلاردىن ئەڭ يىراق ئىدى»(2).

ئۇ زاتنىڭ ئەسھابلىرىگە تۇتقان ئېسىل ئەخلاقلىرى

ئاللاھ پەيغەمبىرىگە خىتاب قىلىپ دەيدۇ: ﴿ئەپۇنى دوست تۇتقىن، ياخشىلىققا بۇيرۇغىن، نادانلار بىلەن تەڭ بولمىغىن﴾(7/«ئەئراف»: 199). «قۇرئان كەرىم»نىڭ بۇ ئايەتى ئېسىل ئەخلاقنى ئۈچ تۈرگە يىغىنچاقلىدى:

1. «ئەپۇنى دوست تۇتقىن»: ئەپۇنى دوست تۇتۇش دېمەك سىلە – رەھىمنى ئۈزگەن كىشىگە سىلە – رەھىم يەتكۈزۈش، زۇلۇم قىلغان كىشىدىن ئۆتۈۋېتىش، ئاداۋەتلىشىپ قالغان كىشىنى كەچۈرۈۋېتىش دېمەكتۇر.

2. «ياخشىلىققا بۇيرۇغىن»: ياخشىلىققا بۇيرۇش دېمەك ھەرقانداق ياخشىلىقنىڭ مەنبەسى بولغان تەقۋالىقنى ئاۋۋال ئۆزىدە مۇجەسسەم قىلىش، كىشىلەرنى پەزىلەتلەرگە چاقىرىش، رەزىللىك ۋە ناچارلىقلاردىن توسۇش دېمەكتۇر.

3. «نادانلار بىلەن تەڭ بولمىغىن»: بۇ دېگەنلىك نادانلار بىلەن جاڭجاللىشىپ ۋاقىت زايە قىلىشتىن ئۆزىنى پاك تۇتۇش دېگەنلىكتۇر.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەسھابلىرىگە قانداق مۇئامىلىدە بولغانلىقى بارىسىدا ئۇنىڭ سىيرىتىنى تەكشۈرۈپ كۆرسەكلا، بۇ «قۇرئان»چە ئەخلاقنىڭ ئەمەلىي ئىپادىسى ئالدىمىزدا نامايان بولىدۇ. بۇ ئەخلاقلارنىڭ جۈملىسىدىن:

1. ئىزدەپ تۇرۇش ۋە كۆڭۈل بۆلۈش

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەسھابلىرىنى ئىزدەپ تۇراتتى ۋە ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ تۇراتتى، يوقلارغا قۇت ۋە ئېسەنلىك تىلەپ دۇئا قىلاتتى، بارلارنى زىيارەت قىلاتتى، كېسەل بولۇپ قالغانلارنى يوقلايتتى. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى: «بىز پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن ئولتۇرغان ئىدۇق، ئەنسارلاردىن بىر ئادەم كېلىپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە سالام قىلدى. ئاندىن بۇ ئەنسارىي ئادەم قايتماقچى بولىۋىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— ئى ئەنسارىي قېرىنداش! قېرىندىشىم سەئد ئىبنى ئۇبادەنىڭ ئەھۋالى قانداقراق؟ — دەپ سورىدى. ئۇ كىشى:

— ياخشى، — دەپ جاۋاب بەردى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم (چۆرىسىدىكىلەرگە):

— ئاراڭلاردىن كىم ئۇنى يوقلاپ بارىدۇ؟ — دېگەندىن كېيىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئورنىدىن تۇردى، بىزمۇ ئۇ زات بىلەن بىللە ئورنىمىزدىن تۇردۇق»(3).

ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتىدۇ: «بىز سەپەردىمۇ ۋە ئادەتتىكى ۋاقىتلاردىمۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ھەمراھ بولدۇق. ئۇ زات ئارىمىزدىكى كېسەللەرنى يوقلايتتى، مېيىتلىرىمىزنى ئۇزىتاتتى، بىز بىلەن بىرلىكتە ئۇرۇش قىلاتتى ۋە بىزگە غەمخورلۇق قىلاتتى»(4).

2. ئەسھابلىرىنىڭ ھېس – تۇيغۇلىرىغا ھۆرمەت قىلىشى

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەسھابلىرىنىڭ كۆڭلىنى بەك ئايايتتى، ئۇلارنىڭ بىرەر خاتالىقىنى تۈزەپ، تەنقىدلىمەكچى بولسا، خاتالاشقۇچىنى خىجىل قىلىپ قويماسلىق ئۈچۈن ئۇنىڭ ئېتىنى ئاتىمايتتى. بەلكى، خاتالىقنىڭ ئۆزىنى تەنقىد قىلىپ، توغرىنى كۆرسىتىپ قوياتتى. ھەدىسلەردە «كىشىلەرگە نېمە بولدىكى…» دېگەن سۆزنى كۆپ ئىشلىتىشى مۇشۇ جۈملىدىندۇر.

3. سەۋر قىلىش ۋە تەمكىن بولۇش

خاتالىق ئىسلام شەرىئىتىنىڭ ئاساسىي مەقسەتلىرىگە دەخلى قىلمىسىلا، خاتالىق ۋە يامانلىقنى تېگىدىن ئوڭشاش ئۈچۈن، خاتالىق ئۆتكۈزگۈچىگە سەۋر قىلاتتى ۋە يامانلىققا ئەپۇ بىلەن جاۋاب قايتۇراتتى.

4. ئەسھابلىرىنىڭ دىققىتىنى ئەڭ ئالدىنقى ئىشلارنى قىلىشقا قارىتىشى

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەسھابلىرىنىڭ ۋاقىتلىرىنى پايدىسىز ئىشلارنى ئۆگىتىش ۋە ئۆگىنىش بىلەن زايە قىلىۋېتىشىنى راۋا كۆرمەيتتى. بىر قېتىم ئۇ زاتتىن بىر ئەئرابىي:

— قىيامەت قاچان بولىدۇ؟ — دەپ سورىۋىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— قىيامەت ئۈچۈن نېمە تەييارلىدىڭ؟ — دېدى. ئەئرابىي:

— ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىنى ياخشى كۆرۈشتىن باشقا ھېچ نەرسەم يوق، — دېۋىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— ياخشى كۆرگەن كىشىڭ بىلەن بىرگە بولىسەن، — دېدى(5).

دېمەك، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەئرابىيغا ئەمەل ۋە ياخشى تەييارلىق بىرلەشمىسە پايدا بەرمەيدىغان نەرسە ھەققىدە سوئال سورىماسلىققا كۆرسەتمە بەردى.

5. كەمتەرلىكى

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كىشىلەردىن ئالاھىدە بولۇۋېلىشنى، بىرەر سورۇنغا كىرگىنىدە كىشىلەرنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرۇشىنى يامان كۆرەتتى. بىر كۈنى ئۇ زات ھاسىسىغا تايانغان ھالدا، ئەسھابلىرىنىڭ يېنىغا چىقتى. ئەسھابلىرى ئۇ زاتنى كۆرۈپ ئورنىدىن تۇرىۋىدى، ئۇ: «سىلەر ئەجەملەر بىر – بىرسىنى ئۇلۇغلاپ ئۆرە تۇرغاندەك ئۆرە تۇرماڭلار» دېدى(6).

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇچراشقان كىشىگە باشتا سالام قىلىپ، قول ئېلىشىپ كۆرۈشەتتى، ئۇلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئالاھىدە كىيىم كىيمەيتتى، ھەتتا تونۇمايدىغان بىر ئادەم كېلىپ، «ئۇلارنىڭ قايسىسى رەسۇلۇللاھ؟» دەپ سورىمىغۇچە بىلەلمەيتتى.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەسھابلىرى بىلەن بىللە چاغلىرىدىكى ئەخلاقى ئىجتىمائىي ۋە ئەخلاقىي قىممەتقاراشلارنى ئورنىتىش بىلەنلا قالماي، بەلكى ئۇنى تۆۋەندىكى پرىنسىپلار ئاساسىدا پەرۋىش قىلىپ، ئۇنى دىن ۋە جامائەتچىلىكنى قوغداش تەرەپكە يۈزلەندۈرگەن:

1. ئەسھابلىرىنى دىن ۋە ئۇممەتنى قوغداش يولىدا جىھاد قىلىشتا چىدامچانلىق ۋە شىجائەتتە ئۆرنەك بولۇش. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتىدۇ: «ئىككى تەرەپ ئۇچرىشىپ جەڭ راسا قىزىپ، شىددەتلىك بولغىنىدا، بىز رەسۇل سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى دالدا قىلاتتۇق – تە، بىرەرسىمىز دۈشمەنگە ئۇ زاتتىنمۇ يېقىن بولالمايتتى»(7).

2. دۈشمەن بىلەن مەسىلىلەرنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشنى ئەلا بىلىش. شۇڭالاشقا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇمكىنقەدەر قان تۆكۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشىاتتى. مەدىنەگە بارغاندا يەھۇدىيلەر ئەھدىنى بۇزۇپ خىيانەت قىلىشتىن ئاۋال دەسلەپكى چاغلاردا شۇنداق قىلىپ ئۇلار بىلەن تىنچ ياشىغان ۋە ئۇلارغا دىنىي ئىبادەت ئەركىنلىكىنى بېرىپ، مال – مۈلكىنى قوغدىغان.

3. قۇرئان ۋە سۈننەت ئاساسىدا كىشىلەردىن بەيئەت ئېلىش.

4. ئەسھابلىرىنى ھالال كەسپكە ۋە ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ۋە رەسۇلىنىڭ تائىتىنى كۆزلەپ تەييارتاپ بولىۋېلىشتىن يىراق تۇرۇشقا ئادەتلەندۈرۈش.

5. ئۇرۇشتا ۋە تىنچلىقتا ئەسھابلىرى بىلەن كېڭىشىش ۋە ئۇلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىرىدىن، ھاياتتىكى تەجرىبىلىرىدىن پايدىلىنىش. بۇ سەۋەبتىن نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسللەم ئاللاھ تائالانىڭ ﴿ئىشتا ئۇلار بىلەن كېڭەشكىن﴾(3/«ئال ئىمران»: 159) دېگەن ئەمرىنى بەجا كەلتۈرۈپ، ئەسھابلىرى ئەسھابلىرى بىلەن كېڭىشىشنى قولدىن بەرمەيتتى.

بۇلار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەسھابلىرى بىلەن بولغان ئىجتىمائىي ھاياتىنىڭ قىسمەن تەرەپلىرى بولۇپ، ئەخلاقى «قۇرئان كەرىم» بولغان كىشىنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە دالالەت قىلىدىغان سۈپەت ۋە پەزىلەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىگىلەش قىيىندۇر.

 

مەنبە: الأسوة الحسنة (1)/ أبوعبد الرحمن الإدريسي https://www.islamweb.net/ar/article/196120

تەرجىمىدە: ھەزرىتى ئەلى


1. ئەھمەد، ( 24645). شۇئەيب ئەلئارنائۇت «سەھىھ» دېگەن.
2. ئىبنى ھىشام: «سىيرەت»، 1/323.
3. مۇسلىم، (925).
4. ئەھمەد، (504). شۇئەيب ئەلئارنائۇت: «ھەسەن» دېگەن.
6. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: بۇخارىي، (3688)؛ مۇسلىم، (2639).
7. ەبۇ داۋۇد (5232) ئالبانىي: «زەئىف» دېگەن.
8. ئەھمەد، (1346). شۇئەيب ئەلئارنائۇت: «سەھىھ» دېگەن.

Please follow and like us: