ئەلمەجىد جەللە جەلالۇھۇ

ئەلمەجىد جەللە جەلالۇھۇ

ئاللاھ تائالا ئېيتقانكى: ﴿وَهُوَ ٱلۡغَفُورُ ٱلۡوَدُودُ ذُو ٱلۡعَرۡشِ ٱلۡمَجِيدُ / ئاللاھ (مۇئمىن بەندىلەرنىڭ گۇناھىنى) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر. (ئۇلارنى) دوست تۇتقۇچىدۇر. ئەرشنىڭ ئىگىسىدۇر، ناھايىتى ئۇلۇغدۇر﴾(85/«بۇرۇج»: 14، 15).

ئاللاھ تائالا يەنە دېدىكى: ﴿قَالُوٓاْ أَتَعۡجَبِينَ مِنۡ أَمۡرِ ٱللَّهِۖ رَحۡمَتُ ٱللَّهِ وَبَرَكَٰتُهُۥ عَلَيۡكُمۡ أَهۡلَ ٱلۡبَيۡتِۚ إِنَّهُۥ حَمِيدٞ مَّجِيدٞ / ئۇلار: «ئاللاھنىڭ ئەمرىدىن (يەنى قۇدرىتىدىن) ئەجەبلىنەمسەن؟ ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە بەرىكەتلىرى سىلەرنىڭ ئائىلەڭلارغا (يەنى ئىبراھىمنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە) نازىل بولسۇن. ئاللاھ ھەقىقەتەن مەدھىيەلەشكە لايىقتۇر، ئۇلۇغلاشقا لايىقتۇر» دېدى﴾(11/«ھۇد»: 73).

بۇ ئىسىمنىڭ ئاللاھ تائالا ھەققىدىكى مەنىسى

ئەلمەجىد جەللە جەلالۇھۇ: ئۇ ئۇلۇغلۇق، كاتتىلىق ۋە ئۈستۈنلۈك سۈپەتلىرى بىلەن سۈپەتلەنگۈچى زاتتۇر. جىمى نۇقسانلاردىن پاك بولغان ئۇ ئاللاھ ھەممە نەرسىدىن چوڭدۇر، كاتتىدۇر ۋە ئۈستۈندۇر.

ئەلمەجىد جەللە جەلالۇھۇ: سۈپەتلىرى ئۈستۈن ۋە كەڭرى بولغان زاتتۇر. يەنى ئاللاھنىڭ ھەربىر سۈپىتىنىڭ شەئنى كاتتىدۇر. ئۇ ئىلمى كامىل بولغان ھەممىنى بىلگۈچى، رەھمىتى ھەممىگە ئورتاق بولغان رەھىم قىلغۇچى، ھېچنەرسە ئۇنى ئاجىز قىلالمايدىغان ھەممىگە قادىر، ھىلمى كامىل بولغان ھەلىم (بەندىلىرىنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدىغان) ۋە نۇقساندىن خالىي ھېكمىتى بىلەن ئىش قىلغۇچى زاتتۇر. ئاللاھ بارلىق ئىسىم – سۈپەتلىرىدە كامىل زاتتۇر(1).

ئىبنۇلقەييىم رەھىمەھۇللاھ دېگەنكى: «ئاللاھنىڭ ‹ئەلمەجىد› ئىسمى مۇئەييەن بىر سۈپەتكە خاس بولماستىن، بىرقانچە سۈپەتلەرنىڭ يىغىندىسىغا دالالەت قىلىدۇ. بەلكى ئۇ يەككە بىر مەنىگە ئەمەس، بىرقانچە مەناغا دالالەت قىلغۇچىدۇر. ‹ئەلئەزىم›، ‹ئەسسامەد› دېگەن سۈپەتلەرمۇ بۇنىڭغا ئوخشاشتۇر»(2). ئۇ يەنە دېگەنكى: «ئەرەب تىلىدا ‹ئەلمەجد› دېگەن سۆز كامالەت سۈپەتلىرىنىڭ، ياخشى ئىش – ھەرىكەتلەرنىڭ كۆپلۈكىنى بىلدۈرىدۇ»(3).

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىپ دېگەنكى: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنبەرنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ: ﴿ئاسمانلار ئاللاھنىڭ ئوڭ قولىدا قاتلىنىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ شىرك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر ۋە ئۈستۈندۇر﴾(39/«زۇمەر»: 67) دېگەن ئايەتنى ئوقۇدى، ئاندىن دېدىكى: ‹ئاللاھ تائالا: ”مەن جەببار (قەھر قىلغۇچى) دۇرمەن، مۇتەكەببىر (ئۇلۇغلۇق ئىگىسى) دۇرمەن، ئەلمەلىك (پادىشاھ) دۇرمەن، ئەلمۇتەئالىي (ئۈستۈن بولغۇچى) دۇرمەن“ دەپ ئۆزىنى ئۇلۇغلايدۇ›. رەسۇلۇللاھ بۇ سۆزنى قايتا – قايتا ئوقۇدى، ھەتتاكى مۇنبەر تىترەپ كېتىپ، رەسۇلۇللاھنى يىقىلىپ كېتەرمىكىن دەپ ئويلاپ كەتتۇق»([4]).^

ئەلمەجىد جەللە جەلالۇھۇ: دوستلىرى ۋە سالىھ بەندىلىرى ھەردائىم قەلبلىرىدە تەزىم قىلىپ ۋە ئۇلۇغلاپ تۇرىدىغان زاتتۇر، ئۇلار ھەردائىم ئول رەببىنى ئۇلۇغلاپ تۇرىدۇ ۋە بويسۇنىدۇ.

ئاللاھ تائالاغا بۇ ئۇلۇغ ئىسمىغا قارىتا قانداق ئىبادەت قىلىمىز؟

بىرىنچى: ئاللاھ تائالانى تولۇق، مۇتلەق ياخشى كۆرۈشىمىز كېرەك

چۈنكى، ئەڭ مۇكەممەل سۈپەتلەرگە، ئەڭ گۈزەل ئىسىملارغا ۋە ئەڭ تولۇق ئىش – ئەفئاللارغا ئىگە بولغان زات قانداقمۇ ئەڭ ئۈستۈن ھالەتتە ياخشى كۆرۈلمىسۇن؟!

بۇ خىل ياخشى كۆرۈشتىن كېلىپ چىقىدۇكى: ھېچبىر شېرىكى يوق، يەككە – يېگانە ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشىمىز، ئۇنىڭغىلا ئېسىلىشىمىز، ئۇنىڭدىنلا قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىپ بېرىشنى، ھاجەتلەرنى راۋا قىلىپ بېرىشنى سورىشىمىز ۋە ئۇ ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلەرنى نەپسىمىز ۋە ھاۋايى ھەۋىسىمىز ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلەردىن ئارتۇق كۆرۈشىمىز كېرەك.

ئىككىنچى: نامى ئۇلۇغ بولغان رەببىمىزنى ئۇنىڭ كامالىتى ۋە ئۇلۇغلۇقىغا لايىق رەۋىشتە ماختىشىمىز كېرەك

يەنى تەھلىل ئېيتىش، ھەمد ئېيتىش، تەسبىھ ئېيتىش ۋە تەكبىر ئېيتىش بىلەن رەببىمىزگە شۈكۈر ئېيتىشىمىز ۋە زىكىر ئېيتىشىمىز كېرەك. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «زىكىرنىڭ كاتتىسى ‹لا ئىلاھە ئىللەللاھ (بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق)› تۇر، دۇئانىڭ ئەۋزىلى ‹ئەلھەمدۇلىللاھ (جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر› دۇر» دېگەن(5).

ھەقىقەتەن زىكىرنىڭ ئەۋزىلىنىڭ «لا ئىلاھە ئىللەللاھ» بولۇشىنىڭ سەۋەبى، ئۇنىڭدا ئاللاھنى ئۇلۇغلاش مەنىسى بولغانلىقى ئۈچۈندۇر. «ئەلھەمدۇلىللاھ»نىڭ دۇئانىڭ ئەۋزىلى بولۇشىنىڭ سەۋەبى، ئۇنىڭدا ئاللاھنى مەدھىيە مەنىسى بولغانلىقى ئۈچۈندۇر.

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاللاھدىنمۇ بەكرەك مەدھىيەنى ياخشى كۆرىدىغان بىرسى يوق، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ ئۆزىنى مەدھىيەلىگەن» دېگەن(6).

ئەسۋەد ئىبنى سەرىئ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى: «مەن شائىر ئىدىم، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ: ‹رەببىمگە ئېيتىدىغان ھەمدۇسانالارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بېيتلارنى ئۆزلىرىگە بىر ئاڭلاتمايمۇ؟!› دېسەم، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭ ھەمدۇسانالارنى ياخشى كۆرىدۇ› دېدى»(7).

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «‹يا زەلجەلالى ۋەلئىكرام (ئى ئەزىمەتلىك ۋە كەرەملىك ئاللاھ!)› نى كۆپ ئوقۇڭلار» دېگەن(8). يەنى رەببىڭلارغا دۇئا قىلغاندا، بۇ سۆز بىلەن باشلاڭلار. چۈنكى، ئۇنىڭدا ئاللاھ ئۆزى بىلىدىغان شۇنداق كۆپ ھەمدۇسانا ۋە ئۇلۇغلاشلار بار.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ ئېيتىدۇكى، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالانىڭ ئاللاھ تائالاغا زىكىر ئېيتقانلارنى ئىزدەپ، يوللارنى ئايلىنىپ يۈرىدىغان پەرىشتىلىرى بار. ئۇلار زىكىر ئېيتىۋاتقان خەلقنى ئۇچراتقان چاغلىرىدا ئۆزئارا:

— كېلىڭلار! ئىزدىگىنىڭلار تېپىلدى، — دەپ توۋلىشىدۇ. ئۇلارنى پەرىشتىلەر قاناتلىرى بىلەن بىرىنچى ئاسمانغىچە ئورىۋالىدۇ. پەرۋەردىگارى پەرىشتىلەردىنمۇ ئوبدانراق بىلىپ تۇرۇپ:

— مېنىڭ بەندىلىرىم نېمە دەۋاتىدۇ؟ — دەپ پەرىشتىلەردىن سورايدۇ. پەرىشتىلەر:

— ئۇلار ساڭا تەسبىھ ئېيتىۋاتىدۇ، تەكبىر ئېيتىۋاتىدۇ، ھەمد ئېيتىۋاتىدۇ، سېنى ئۇلۇغلاۋاتىدۇ، — دەپ جاۋاب بېرىشىدۇ. ئۇلۇغ ئاللاھ تائالا:

— بەندىلىرىم مېنى كۆرگەنمۇ؟ — دەيدۇ. پەرىشتىلەر:

— ياق، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار سېنى كۆرمىگەن، — دەيدۇ. ئاللاھ تائالا:

— ئەگەر ئۇلار مېنى كۆرگەن بولسا قانداق قىلاتتى؟ — دەيدۇ. پەرىشتىلەر:

— ئەگەر ئۇلار سېنى كۆرگەن بولسا، تېخىمۇ ئىبادەت قىلاتتى؛ سېنى تېخىمۇ ئۇلۇغلايتتى؛ ساڭا تېخىمۇ كۆپ تەسبىھ ئېيتاتتى، — دەيدۇ. ئاللاھ تائالا:

— بەندىلىرىم مەندىن نېمىنى سورايدۇ؟ — دەيدۇ. پەرىشتىلەر:

— سەندىن جەننەتنى سورايدۇ، — دەيدۇ. ئاللاھ تائالا:

— ئۇلار جەننەتنى كۆرگەنمۇ؟ — دەيدۇ. پەرىشتىلەر:

— ياق، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئى پەرۋەردىگارىمىز! ئۇلار جەننەتنى كۆرمىگەن، — دەيدۇ. ئاللاھ تائالا:

— ئەگەر ئۇلار جەننەتنى كۆرگەن بولسا قانداق قىلاتتى؟ — دەيدۇ. پەرىشتىلەر:

— ئەگەر ئۇلار جەننەتنى كۆرگەن بولسا، ئۇنىڭغا تېخىمۇ ئامراق بولۇپ كېتەتتى؛ ئۇنى تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ قىلاتتى ۋە ئۇنىڭغا تېخىمۇ زور قىزىقاتتى، — دەيدۇ. ئاللاھ تائالا:

— بەندىلىرىم نېمىدىن پاناھ تىلەيدۇ؟ — دەيدۇ. پەرىشتىلەر:

— ئۇلار دوزاختىن پاناھ تىلەيدۇ، — دەيدۇ. ئاللاھ تائالا:

— ئۇلار دوزاخنى كۆرگەنمۇ؟ — دەيدۇ. پەرىشتىلەر:

— ياق، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئى پەرۋەردىگارىمىز! ئۇلار دوزاخنى كۆرمىگەن، — دەيدۇ. ئاللاھ تائالا:

— ئەگەر ئۇلار ئۇنى كۆرگەن بولسا قانداق قىلاتتى؟ — دەيدۇ. پەرىشتىلەر:

— ئەگەر ئۇلار ئۇنى كۆرگەن بولسا، تېخىمۇ بەك قاچاتتى ۋە تېخىمۇ بەك قورقاتتى، — دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا پەرىشتىلەرگە:

— سىلەرنى گۇۋاھ قىلىمەنكى، بەندىلىرىمنى ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلدىم، — دەيدۇ. بۇ چاغدا بىر پەرىشتە:

— ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى پالانى ئادەم زىكىر ئېيتقۇچىلارنىڭ قاتارىدا يوق ئىدى، ئۇ بىر ئىش ئۈچۈن كېلىپ، ئۇلارغا قوشۇلۇپ قالغان، — دەيدۇ. ئاللاھ تائالا:

— ئۇلار سۆھبەتداشتۇر. ئۇلارنىڭ سۆھبەتدىشى مەھرۇم قىلىنمايدۇ، — دەيدۇ»(9).

نامازغا كەلسەك، ناماز ئەڭ كاتتا ئىبادەتتۇر. ئاللاھ تائالا بىزگە ناماز ئىچىدە كۆپ ھەمد ئېيتىشىمىزنى ۋە ئۆزىنى ئۇلۇغلىشىمىزنى بەلگىلەپ بەردى:

ناماز تەكبىر ئېيتىش (ئاللاھۇ ئەكبەر) بىلەن باشلىنىدۇ. تەكبىرمۇ ئاللاھنى ئۇلۇغلاشتۇر. نامازنى باشلاش دۇئالىرىمۇ ئاللاھ جەللە جەلالۇھۇغا ھەمد ئېيتىش ۋە سانا ئوقۇشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندۇر.

سۈرە «فاتىھە»نىڭ شەئنى ھەققىدە ئاللاھ تائالا ھەدىس قۇدسىيدا مۇنداق دېگەن: «مەن ‹فاتىھە› سۈرىسىنى ئىككىگە تەقسىم قىلدىمكى، ئۇنىڭ يېرىمى ماڭا، يېرىمى بەندەمگەدۇر، بەندەمگە سورىغان نەرسىسى بېرىلىدۇ. ئەگەر بەندە: ﴿ٱلۡحَمۡدُ لِلَّهِ رَبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ﴾ دېسە، ئاللاھ تائالا: ‹بەندەم ماڭا ھەمد ئېيتتى› دەيدۇ. ئەگەر ﴿ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ﴾ دېسە، ئاللاھ تائالا: ‹بەندەم ماڭا سانا ئوقۇدى› دەيدۇ. ئەگەر ﴿مَٰلِكِ يَوۡمِ ٱلدِّينِ﴾ دېسە، ‹بەندەم مېنى ئۇلۇغلىدى› دەيدۇ. يەنە بىر قېتىم: ‹بەندەم ماڭا ئىشىنى تاپشۇردى› دەيدۇ. ئەگەر ﴿إِيَّاكَ نَعۡبُدُ وَإِيَّاكَ نَسۡتَعِينُ﴾ دېسە، ‹بۇ مەن بىلەن بەندەمگە ئورتاقتۇر، بەندەمگە سورىغان نەرسىسى بېرىلىدۇ› دەيدۇ. ئەگەر ﴿ٱهۡدِنَا ٱلصِّرَٰطَ ٱلۡمُسۡتَقِيمَ صِرَٰطَ ٱلَّذِينَ أَنۡعَمۡتَ عَلَيۡهِمۡ غَيۡرِ ٱلۡمَغۡضُوبِ عَلَيۡهِمۡ وَلَا ٱلضَّآلِّينَ﴾ دېسە، ئاللاھ: ‹بۇ بەندەمگە خاستۇر، بەندەمگە سورىغان نەرسىسى بېرىلىدۇ› دەيدۇ»(10).

دېمەك، بۇ يەردىكى ئاللاھ تائالانى ئۇلۇغلاش ئاللاھنى مۇتلەق پادىشاھ، قەھر قىلغۇچى ۋە قىيامەت كۈنى، ھېساب كۈنىنىڭ ھاكىمى دەپ سۈپەتلەش ۋە ئۇنى ئېتىراپ قىلىشتۇر.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەگەر رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرسە، «ربَّنا لك الحمدُ مِلْءَ السَّماواتِ والأرضِ ومِلْءَ ما شِئتَ مِن شيءٍ بعدُ أهلُ الثَّناءِ والمجدِ أحقُّ ما قال العبدُ وكلُّنا لك عبدٌ اللهمَّ لا مانعَ لِما أعطَيتَ ولا مُعطيَ لِما منَعتَ ولا ينفَعُ ذا الجَدِّ منك الجَدُّ / ئى پەرۋەردىگارىمىز! ئاسمانلار ۋە زېمىن توشقۇچىلىك ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن سەن خاھلىغان نەرسە توشقۇچىلىك ھەمدۇسانا ساڭا خاستۇر. سەن شەرەپ ۋە ئۇلۇغلۇقنىڭ ئەھلىدۇرسەن. سەن بەندە ئېيتقان ھەمدۇسانالارغا ئەڭ لايىقتۇرسەن. بىز ھەممىمىز سېنىڭ بەندەڭدۇرمىز. ئى ئاللاھ! سەن بەرگەن نەرسىگە ھېچكىم توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ. سەن بەرمىگەن نەرسىنى ھېچكىم بېرەلمەيدۇ. سېنىڭ ئالدىڭدا بايلارنىڭ بايلىقى ئەسقاتمايدۇ» دەيتتى(11).

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە رۇكۇ، سەجدىدە ۋە ئىككى سەجدىنىڭ ئارىسىدىكى ئولتۇرۇشتا ئاللاھ تائالانى ئۇلۇغلاش بار بولغان تەسبىھ، ھەمد ۋە سانالار بار.

نامازنىڭ ئاخىرقى تەشەھھۇدىمۇ «إنك حميدٌ مجيدٌ / ئى ئاللاھ! ھەقىقەتەن سەن ماختاشقا سازاۋەر، ئۇلۇغ زاتتۇرسەن» دەپ ئاياغلىشىدۇ.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نامازدا سالام بېرىپ بولغاندىن كېيىن: « اللَّهُمَّ أَنْتَ السَّلاَمُ وَمِنْكَ السَّلاَمُ تَبَارَكْتَ ذَا الْجَلاَلِ وَالإِكْرَامِ / ئى ئاللاھ! سەن پۈتۈن ئەيىب – نۇقسانلاردىن پاكتۇرسەن، سەن مۇئمىنلەرگە سالامەتلىك بېغىشلىغۇچىدۇرسەن، ئى ئەزىمەتلىك ۋە كەرەملىك زات! سەن بۈيۈكتۇرسەن» دەيتتى، ئاندىن تەسبىھ ئېيتاتتى، ھەمد ئېيتاتتى، تەكبىر ئېيتاتتى، تەھلىل ئېيتاتتى ۋە دۇئا قىلاتتى. بىز بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پۇختا يادلىشىمىز ۋە شۇ ئارقىلىق ھەر نامىزىمىزدا قەلبىمىزنى روھلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەمر ئىبنى ئەبەسە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: «… ئەگەر (بۇ سۈپەتلەر بويىچە) تاھارەت ئالغۇچى ئورنىدىن تۇرۇپ ناماز ئوقۇسا، ئاندىن ئاللاھقا ھەمد ئېيتسا، ئاللاھنى مەدھىيەلىسە، ئاللاھنى لايىق رەۋىشتە ئۇلۇغلىسا ۋە قەلبىنى ئاللاھ تائالا ئۈچۈن پارىغ قىلسا، ئانىسىدىن تۇغۇلغان كۈندىكىدەك خاتالىقلىرىدىن پاكلىنىپ كېتىدۇ» دېگەن(12).

شۇنىمۇ بىلىش كېرەككى، بىزنىڭ رەببىمىز جەللە جەلالۇھۇنى مەدھىيەلىشىمىز ئول ئاللاھقا ھېچبىر مەنپەئەت يەتكۈزەلمەيدۇ. شۇنداقلا بىزنىڭ بىپەرۋالىق قىلىشىمىز ۋە غەپلەتتە قېلىشىمىزمۇ ئاللاھقا ھېچقانداق زەرەر يەتكۈزەلمەيدۇ. دېمەك، ئاللاھ ئۆز زاتى بىلەن ھەممىدىن بىھاجەت، سۈپەتلىرى بىلەن ماختاشقا سازاۋەر زاتتۇر. ئاللاھ تائالا كىشىلەر مەدھىيەلەشتىن ئىلگىرى ئۆزىنى مەدھىيەلىگەندۇر، كىشىلەر ئۇلۇغلاشتىن ئىلگىرى ئۆزىنى ئۇلۇغلىغاندۇر. لېكىن، بىزنىڭ ھاياتىمىز ئۇ زاتقا ھەمد ئېيتىش، شۈكۈر ئېيتىش ۋە مەدھىيە ئوقۇش بىلەن گۈزەل بولىدۇ، مانا بۇ ئاللاھنىڭ بىزگە قىلغان پەزل – كەرەمىنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

ئۈچىنچى: ئاللاھ تائالا ئۇلۇغلىغاننى ئۇلۇغلىشىمىز، تەئزىم قىلغاننى تەئزىم قىلىشىمىز كېرەك

بۇلارنىڭ قاتارىدىن ئاللاھ جەللە جەلالۇھۇنىڭ كىتابىدۇر. ئاللاھ كىتابىنى «شەرەپلىك كىتاب» دەپ سۈپەتلىدى. ﴿قٓۚ وَٱلۡقُرۡءَانِ ٱلۡمَجِيدِ / قاف. شەرەپلىك قۇرئان بىلەن قەسەم قىلىمەن﴾(50/«قاف»: 1)؛ ﴿بَلۡ هُوَ قُرۡءَانٞ مَّجِيدٞ فِي لَوۡحٖ مَّحۡفُوظِۭ
/ بەلكى (ئۇلار ئىنكار قىلغان نەرسە) لەۋھۇلمەھپۇزدا ساقلانغان ئۇلۇغ قۇرئاندۇر﴾ (85/«بۇرۇج»: 21، 22).

دېمەك، قۇرئان قەدرى ئۈستۈن، شەئنى يۇقىرى، ئورنى بۈيۈك بولغان كىتابتۇركى، ئۇنىڭغا ئالدىدىنمۇ، ئارقىسىدىنمۇ باتىل يۈزلەنمەيدۇ. ئۇ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى، مەدھىيەگە لايىق ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر. قانداقسىگە ئۇنداق بولمىسۇن! ئۇ كىتابتا ئىخلاس سۈرىسى بار، بۇ سۈرە ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانى ئۇلۇغلاشتىن ئىبارەتتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ سۈرە قۇرئاننىڭ ئۈچتىن بىرىگە باراۋەردۇر. بۇ كىتابتا يەنە ئەڭ بۈيۈك ئايەت بولغان ئايەتۇلكۇرسىي بار، بۇ ئايەتمۇ ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانى ئۇلۇغلاش، ئۇ زاتنىڭ ئۇلۇغ سۈپەتلىرىنى ۋە گۈزەل ئىسىملىرىنى زىكىر قىلىش بىلەن توشقاندۇر. ئۇنداقتا، بىزنىڭ بۇ كىتابنى ئۇلۇغلىشىمىز كېچە ۋە كۈندۈز ئۇنى تىلاۋەت قىلىش، ئۇنىڭغا چىڭ ئېسىلىش، ئۇنى تەپەككۇر قىلىش، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىش ۋە ئۇنىڭ بويىچە ھۆكۈم قىلىش بىلەن بولىدۇ.

ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ياشانغان مۇسۇلماننى ھۆرمەتلەش، قۇرئاننى چەكتىن ئاشۇرۇۋەتمەي، تاشلاپمۇ قويماي ئۆزلەشتۈرگەن قارىينى ھۆرمەتلەش ۋە ئادىل ھۆكۈمراننى ھۆرمەتلەش ئاللاھ تائالانى ھۆرمەتلەشنىڭ جۈملىسىدىندۇر» دېگەن(13).

ئاللاھ تائالانىڭ (ناماز، روزا، ھەج، زاكات… قاتارلىق) دىنىنىڭ ئەركانلىرىنى ئۇلۇغلاش، بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش ۋە چەك – چېگرالىرىدا توختاشمۇ ئاللاھ ئۇلۇغلىغاننى ئۇلۇغلاشنىڭ قاتارىدىن ھېسابلىنىدۇ.

تۆتىنچى: شان – شەرەپ ۋە ئۈستۈنلۈكنى پەقەت ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالادىنلا تەلەپ قىلىشىمىز كېرەك

بۇ ئاللاھتىن قورقۇش، ئىتائەت قىلىش، ھەر ئىشتا رازىلىقىنى كۆزلەش ۋە ئاللاھقا ئاسىي بولىدىغان ئىشلاردىن يىراق بولۇش بىلەن بولىدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئىلىم تەلەپ قىلىپ بىر يولدا ماڭىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتنىڭ يولىنى (جەننەتكە ئېلىپ بارىدىغان ياخشى ئەمەلنى) ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ. كىمنىڭ ئەمەلى ئاز بولسا، نەسەبى ئۇنى (كۆپ) ئەمەل قىلغان كىشىلەرنىڭ مەرتىۋىسىگە يەتكۈزەلمەيدۇ (يەنى نەسەبى ئەسقاتمايدۇ)»(14).

دېمەك، ياخشى ئەمەل بەندىنىڭ مەرتىۋىسىنى يۇقىرى قىلىدۇ، شان – شەرىپىنى ئۈستۈن قىلىدۇ.

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئىينە سودىسى(15) قىلىشساڭلار، كالىنىڭ قۇيرۇقىغا ئەگىشىپ دېھقانچىلىققا رازى بولۇپ ئولتۇرساڭلار ۋە جىھادنى تاشلاپ قويساڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ بوينۇڭلارغا شۇنداق بىر خارلىقنى يۈكلەپ قويىدۇكى، تاكى دىنىڭلارغا قايتمىغۇچە، ئۇ خارلىقنى بوينۇڭلاردىن ئېلىۋەتمەيدۇ»(16).

ھەدىستە يەنە كەلگەنكى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا بۇ كىتاب (قۇرئان) بىلەن (ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتقان، ئوقۇغان ۋە ئىخلاس بىلەن ئەمەل قىلغان) كىشىلەرنى يۇقىرى دەرىجىگە كۆتۈرىدۇ. (ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتمىغان ياكى ئىمان ئېيتسىمۇ ئەمەل قىلمىغان) كىشىلەرنى بەختسىز قىلىدۇ» دېگەن(17).

بەشىنچى: ئاللاھ تالاغا «ئەلمەجىد» دېگەن ئىسمىنى ۋەسىلە قىلىپ تۇرۇپ دۇئا قىلىشىمىز كېرەك

أسألك اللهم بِاسْمِكَ الْمَجِيْدِ أَنْ تُعْطِيَنِيْ وَلَا تَحْرِمَنِيْ وَتَزِيْدَنِيْ وَلَا تَنْقُصَنِيْ وَتُعِزَّنِيْ وَلَا تُذِلَّنِيْ / ئى ئاللاھ! سەندىن سېنىڭ «ئەلمەجىد» دېگەن ئىسمىڭنى ۋەسىلە قىلىپ سورايمەنكى، ماڭا پەزل – مەرھەمىتىڭدىن بەرگىنكى، مېنى مەھرۇم قىلمىغىن؛ ماڭا نېئمىتىڭنى زىيادە قىلىپ بەرگىنكى، ناقىس قىلمىغىن؛ مېنى ئەزىز قىلغىنكى، خار قىلمىغىن.

بۇندىن باشقا يەنە ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋە كاتتىلىقىغا مۇناسىپ كېلىدىغان دۇئالارنى قىلىشىمىز كېرەك.

 

مەنبە: د. شريف فوزي سلطان/ المجيد جل جلاله

https://www.alukah.net/sharia/0/135459

 

تەرجىمىدە: مۇھەممەد بارات


1. ئىمام سەئدىي: «ئەلھەققۇل ۋازىھۇل مۇبىن».
2. ئىبنۇلقەييىم: «بەدائىئۇلفەۋائىد».
3. ئىبنۇلقەييىم: «ئەتتىبيان فىي ئەقسامىل قۇرئان».
4. ئىمام ئەھمەد «مۇسنەدۇ ئەھمەد»تە رىۋايەت قىلغان.
5. تىرمىزىي، (3383). ئالبانىي: «ھەسەن» دېگەن.
6. بۇخارىي، (4634).
7. تاھاۋىي: «شەرھۇ مەئانىل ئاسار»، 4/298.
8. تىرمىزىي، (3525). ئىمام تىرمىزىي: «غەرىب ھەدىس» دېگەن.
9. بۇخارىي، (6408).
10. مۇسلىم، (395).
11. مۇسلىم، (478).
12. مۇسلىم، (832).
13. ئەبۇ داۋۇد، (4843). ئالبانىي: «ھەسەن» دېگەن.
14. ئەبۇ داۋۇد، (3643). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
15. ئىينە سودىسى: بىر كىشىگە بىر تاۋارنى مەلۇم باھادا مەلۇم ۋاقىتقا نېسى سېتىپ، ئاندىن كېيىن ساتقۇچى ئۆزى ساتقان ھېلىقى تاۋارنى ھېلىقى سېتىۋالغۇچىدىن بۇرۇنقىدىن تۆۋەنرەك باھادا نەقد سېتىۋېلىشتىن ئىبارەت سودىدۇر. مال ساتقۇچى بۇ سودا ئارقىلىق نەقد پۇلغا دەرھال ئېرىشكەنلىكى ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغان. بۇنداق شەكىلدىكى مۇئامىلە تاشقى كۆرۈنۈشتە سودىدەك كۆرۈنسىمۇ، ھەقىقەتتە ھىيلە ئىشلىتىلگەن جازانە بولغانلىقتىن ھارام قىلىنغاندۇر.
16. ئەبۇ داۋۇد، (3462). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
17. مۇسلىم، (817).

Please follow and like us: