ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئىشەنمەيدىغانلارغا ئىلمىي ۋە ئەمەلىي خىتاب

ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئىشەنمەيدىغانلارغا ئىلمىي ۋە ئەمەلىي خىتاب

ئابدۇددائىم كۇھەيل

 

بۇ زاماندا ئاللاھنى، ئۇنىڭ ئايەتلىرىنى ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسىنى زاڭلىق قىلىش ئادەتتىكى ئىش بولۇپ قالدى. بۇ زاڭلىق قىلىشلارنىڭ كۆپىنچىسى سىرتتىن كېلىدۇ، چۈنكى دىنسىزلار ئىسلام دىنى تەرەققىياتنى چېكىندۈرىدىغان، تېرورلۇق ۋە بىلىمسىزلىك دىنى، دەپ دەۋا قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىسلام دۈشمەنلىرى «ئىسلام تەلىماتلىرى كونىراپ كەتكەن، بۇ زامانغا ماس كەلمەيدۇ» دېگەن باھانە بىلەن ئىسلام تەلىماتلىرىنى زاڭلىق قىلىشنى ئادەت قىلىۋالدى.

سۇبھانەللاھ! ئۇلارنىڭ نەزەرىدىكى پىكىر بايان قىلىش ئەركىنلىكى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدىكى ئەڭ بۈيۈك ئىنساننى زاڭلىق قىلىش بولۇپ قالدىمۇ؟ ئايان بولغىنىدەك، ئۇلار ئىسلامنى تەنقىدلىگۈدەك بىرەر ئىلمىي نەرسە تاپالماي، مۇشۇنداق ئاقماس يولغا كىرىۋالغان. ئۇلارنىڭ ئىپلاسلىقىنى ئىپادىلەيدىغان پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى زاڭلىق قىلىشتىن باشقا، ئۇلار «قۇرئان كەرىم»دىن ياكى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۆزلىرىدىن ئەگەشكۈچىلىرىنى قانائەت قىلدۇرالىغۇدەك ئىلمىي ياكى تىل خاتالىقىنى تاپالمىدى.

بۇ ئىشلار ھەققىدە ئۆز قارىشىمىزنى ئىپادىلىشىمىز بىزنىڭمۇ ھەققىمىزدۇر، لېكىن بىز ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرلىرىدىن مۇسا ئەلەيھىسسالام، ئىيسا ئەلەيھىسسالاملارنى زاڭلىق قىلمايمىز. بۇ پەيغەمبەرلەر ئۇلاردىن ۋە ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىدىن ئادا – جۇدادۇر، چۈنكى بىز پەيغەمبەرلەرنى بىر – بىرىدىن ئايرىماي، ھەممىسى ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەر، دەپ ئىمان ئېيتىمىز.

بىز سۆزىمىزنى باشلاشتىن بۇرۇن، ئاللاھنىڭ بۇ زاڭلىق قىلغۇچىلار ۋە ئۇلارغا ئوخشاش كىشىلەر ھەققىدە نېمە دېگەنلىكىگە قۇلاق سالايلى: ﴿ئاللاھنى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنى رەنجىتىدىغانلارنى ئاللاھ دۇنيا ۋە ئاخرەتتە رەھمىتىدىن يىراق قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا خار قىلغۇچى ئازابنى تەييارلايدۇ. مۇئمىن ئەرلەر ۋە مۇئمىن ئاياللارغا قىلمىغان ئىشلارنى (چاپلاپ) ئۇلارنى رەنجىتىدىغانلار (شۇ) بوھتاننى ۋە روشەن گۇناھنى ئۈستىگە ئارتىۋالغان بولىدۇ﴾(33/«ئەھزاب»، 57 – 58). ئۇلارنىڭ پىلانى ئاللاھقا ئەزىيەت يەتكۈزۈش، ئاللاھنىڭ رەسۇلىنى زاڭلىق قىلىش ۋە ھەربىر مۇئمىن ئەر، ئايالغا قاتتىق ئەزىيەت يەتكۈزۈشتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەگەر ئۇلار بۇ ئەزىيەت بېرىشتىن يانمىسا، بىز ئۇلارغا ۋە ئۇلارغا ئوخشاشلارغا قىيامەت كۈنىدىكى قاتتىق ئازابتىن خۇش خەۋەر بېرىمىز.

بىزنىڭ پىكىر بايان قىلىش ئۇسلۇبىمىز ئۇلارنىڭ رېئاللىققا چۈشمەيدىغان قۇرۇق سەپسەتە ئۇسلۇبىدىن ياخشىراق ۋە ئەتراپلىقتۇر. بىز ئۇلارغا بىزگە خىتاب قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىشتە مەغلۇپ بولغان ئىلىم تىلى ئارقىلىق خىتاب قىلىمىز. بىز بۇلارغا رەھىمدىل پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كىملىكىنى ئېيتىپ بېرىمىز.

مەن پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنچىسىدە مۇجەسسەملەنگەن يۈكسەك ئەخلاق ۋە گۈزەل سۈپەتلەر ھەققىدە توختالمايمەن، چۈنكى بۇنداقلارغا بۇ ئەخلاقلارنىڭ ھېچ پايدىسى يوقتۇر ۋە ئېتىراپمۇ قىلمايدۇ. لېكىن، بىز ئۇلارغا بۇ ھۆرمەتلىك پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېلىپ كەلگەن ئەمەلىي ھەقىقەت ۋە ئىلمىي خىتابلار ئارقىلىق يۈزلىنىمىز. بۇ ھەقىقەتلەر «قۇرئان كەرىم»دە مەۋجۇد، 14 ئەسىردىن بۇيان ئۈزۈلمەي تىلاۋەت قىلىنىۋاتىدۇ. ئۆزلىرىنى ئادالەتنى ۋە ھەق – ھوقۇقنى قوغدايدىغان دېموكراتىك دۆلەتلەر دەپ قاراپ، ئىلىم ۋە ئادالەت بىلەن پەخىرلىنىۋاتقان بۇ كىشىلەرگە دەيمەنكى، سىلەر زاڭلىق قىلىۋاتقان «قۇرئان كەرىم» بولسا ئىلىمگە ۋە ئادالەتكە چاقىرغان تۇنجى كىتابتۇر، ئىلىم ۋە ئادالەت بولسا ھەرقانداق مەدەنىيەتنىڭ ئۇتۇق قازىنىشى ۋە داۋاملىشىشىنىڭ مىزانىدۇر. بۇ ئۇلۇغ پەيغەمبەرگە نازىل بولغان ئەڭ ئاۋۋالقى كەلىمە بولسا «ئوقۇ»دۇر، بۇ ئىسلام دىنىنىڭ ئىلىمنى تەشەببۇس قىلىدىغان دىن ئىكەنلىكىگە دەلىلدۇر، «قۇرئان كەرىم»دىن ئەڭ ئاخىرىدا نازىل بولغان كەلىمە «ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ»دۇر، بۇ ئىسلام دىنىنىڭ ئادىللىقنى ياقىلايدىغان دىن ئىكەنلىكىگە دەلىلدۇر. ئۇنداقتا، سىلەر بۈگۈن پەخىرلىنىۋاتقان نەرسىنى پەيغەمبىرىمىز سىلەردىن ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرى ئېلىپ كەلگەن. سىلەر ئۆزۈڭلارنى كائىناتنىڭ ۋە مەخلۇقاتلارنىڭ تارىخى ھەققىدە ئىزدىنىشكە تۇنجى بولۇپ چاقىرغان كىشىلەر، دەيسىلەر. سىلەر مۇشۇنىڭدىن پەخىرلىنىسىلەر، لېكىن بىز سىلەردىن ئاللاھنىڭ «قۇرئان كەرىم»دە يارىتىلىشنىڭ باشلانمىسىغا نەزەر تاشلاشقا ئوچۇق – ئاشكارا چاقىرغانلىق سۆزىنى ئوقۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز: ﴿«ئېيىتقىنكى، (زېمىندا سەير قىلىڭلار، ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتىنى قانداق قىلىپ يوقتىن بار قىلغانلىقىغا قاراڭلار، ئاندىن ئاللاھ ئۇلارنى (قىيامەتتە) قايتا پەيدا قىلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىگە قادىر»﴾(29/«ئەنكەبۇت»: 20). بۇ «قۇرئان كەرىم»نىڭ نەزەر تاشلاشقا، ئويلىنىشقا، ئىزدىنىشكە ۋە ئوقۇشقا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر.

كىشىلەر «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئوغلى ئىبراھىم ۋاپات بولغانلىقى ئۈچۈن قۇياش تۇتۇلدى» دەپ گۇمان قىلغان ۋاقىتتا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاسمان جىسىملىرى ئوربىتىسى، كائىنات ھادىسىلىرى ئۈچۈن ئىلمىي ئاساسنى ئوتتۇرىغا قويدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېدىكى: «قۇياش، ئاي ئىككىلىسى ئاللاھنىڭ مۆجىزىلىرىدىندۇر، بۇ ئىككىسى بىرەر كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىگە ياكى تىرىلگەنلىكىگە تۇتۇلمايدۇ»(1). بۇ سۆزلەر كىشىلەر «قۇياش تۇتۇلۇپ قېلىش ھادىسىلىرى بىرەر كاتتا كىشىنىڭ تۇغۇلغانلىقىغا ياكى ئۆلگەنلىكىگە، ياكى بىرەر ھاكىمىيەتنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىغا، ياكى ئېچىنىشلىق بىر ئۇرۇشنىڭ بولغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ» دەپ ئېتىقاد قىلىدىغان زاماندا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئېغىزىدىن چىقتى. ياۋروپا كاھىنلارغا، مۇنەججىملەرگە، خۇراپات تارقاتقۇچىلارغا تولغان، ياۋروپا ئاھالىسىنىڭ كۆپىنچىسى شۇ مەزگىلدە مۇشۇلارغا ئىشىنىپ يۈرىدىغان ۋاقىتلاردا، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئىنكار قىلغان ۋە چەكلىگەن ئىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىم پالچى، رەمبالنىڭ يېنىغا بارسا، ئاندىن ئۇنىڭ دېگەن گەپلىرىگە ئىشەنسە، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە نازىل قىلىنغان كىتابتىن تانغان بولىدۇ»(2).

سىلەر «زېمىن ھەرىكەتلەنمەي جىم تۇرىدۇ» دەپ گۇمان قىلغىنىڭلاردا، «قۇرئان كەرىم» ئىلمىي ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كائىناتتىكى ھەرقانداق نەرسىنىڭ بەلگىلىك ئايلىنىدىغان ئورنىدا ماڭىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى، تېخى سىلەر بۇ ھەقىقەتنى كېيىن بايقىدىڭلار. ئاللاھ زېمىن، قۇياش، ئاي ھەققىدە: ﴿ھەربىرى ئۆز ئوربىتىسىدا ماڭىدۇ﴾(36«ياسىن» »، 40) دېگەن.

پاۋروپا شامالنى چىقىرىشقا بىر ئىلاھ، يامغۇر ياغدۇرۇشقا بىر ئىلاھ، چاقماق چاقتۇرۇشقا بىر ئىلاھ مەۋجۇد، دەپ ئېتىقاد قىلىدىغان ۋاقىتلاردا، تېخى بىرقانچە يىللار ئىلگىرىلا ئىسپاتلانغان بۇ كائىنات ھادىسىلىرى ئۈچۈن، «قۇرئان» ئاللىبۇرۇنلا ئىلمىي يەكۈننى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەگەر سىلەر شامال توغرىسىدىكى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتلەرنى بىلمەكچى بولساڭلار، ئاللاھنىڭ: ﴿بىز يامغۇرنى ھەيدەيدىغان شاماللارنى ئەۋەتتۇق، بىز بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ سىلەرنى سۇغاردۇق، سىلەر ھەرگىز ئۇنى ساقلاشقا قادىر ئەمەسسىلەر﴾(15/«ھىجر»، 22) دېگەن سۆزىنى ئوقۇڭلار.

يېقىنقى يىللارغىچە ھەممە ئادەمگە مەجھۇل بولۇپ كەلگەن چاقماق چېقىش ھادىسىسىنىڭ گېئومېتىرىيىلىك مېخانىزمىنى بىلمەكچى بولساڭلار، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنۇ سۆزىنى ئوقۇڭلار: «سىلەر چاقماققا قاراپ باقمامسىلەر؟ چاقماق كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە قانداق چېقىپ قانداق يوقايدۇ؟»(3). سىلەرنىڭ رەقەملىك كامىرالىرىڭلار چاقماقنىڭ رەسىمىنى، چاقماقنىڭ نۇرىنى تارتمىدىمۇ؟ قانداق چېقىپ قانداق يوقايدۇ؟ ھەممىسى ھەدىس شەرىفتە كەلگەندەكتۇر.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تارىختا كۆپلىگەن ھەدىسلىرى ئارقىلىق تېبابەت ھەققىدە ئىزدىنىشكە ئەڭ بۇرۇن چاقىرغان كىشىدۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم شۇ ھەدىسلىرى ئارقىلىق يېڭى زامان تېبابەت ئىلمىگە مۇھىم ئاساسلارنى سېلىپ بەردى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاللاھ تائالا قانداق بىر كېسەلنى ئەۋەتسە، ئۇنىڭ شىپاسىنى قوشۇپ بىللە ئەۋەتكەن» دېگەن(4). بۇ كاتتا ھەدىس تۈرلۈك كېسەللىكلەرنىڭ شىپاسىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلەپ بېرىدۇ. بۇ «ئىنسان كېسەلنىڭ شىپاسىنى ئۇزۇنغا بارمايلا تاپالايدۇ» دېگەنلىكۇر. بۈگۈنكى كۈنلەردە سىلەرنىڭ ئالىملىرىڭلار بۇ ھەدىسنى ئىلگىرى «شىپاسى، ئىلاجى يوق» دەپ قارالغان كېسەللەرگە شىپالىق ئىزدەشكە تەتبىقلاۋاتىدىغۇ؟!

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كائىنات ئوربىتىسى ھەققىدە گەپ قىلغان ئەڭ ئاۋۋالقى كىشىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿يوللىرى بار ئاسمان بىلەن قەسەمكى﴾(51/«زارىيات»، 7). يەنى ئىنچىكىلىك ۋە پۇختىلىق بىلەن تەييارلانغان يوللار دېمەكچى. سىلەر تېلېسكوپ بىلەن ئىنچىكە ۋە پۇختا ياسالغان يوللارنىڭ (ئوربىتىنىڭ) رەسىملىرىنى كۆرمىدىڭلارمۇ؟ سىلەر بۈگۈن كائىناتنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ باشلىنىشىنى ئىسپاتلىغان كىشىلەرنىڭ ئۆزۈڭلار ئىكەنلىكىدىن پەخىرلىنىسىلەر. كائىنات ئەسلى بىر پۈتۈن ھالەتتە بولۇپ، چوڭ پارتلاش سەۋەبىدىن پارچىلانغانلىقىنى تەكىتلەيسىلەر. زېمىن يۈزىدە چوڭ پارتلاشتىن ئىبارەت بىرنەرسىنىڭ بولغانلىقىنى خىيال قىلىدىغان بىرەرمۇ كىشى بولمىغان ۋاقىتتا، سىلەر پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كائىناتنىڭ بۇ ھەقىقىتى توغرىسىدا سۆزلىگەن سۆزىدىن 14 ئەسىر كېيىن قالدىڭلار. ئاللاھ دەيدۇكى: ﴿كافىرلار بىلمەمدۇكى، ئاسمانلار بىلەن زېمىن بىر – بىرىگە تۇتاش ئىدى، ئۇلارنى ئايرىۋەتتۇق﴾(21/«ئەنبىياﺋ»: 30).

ئەگەر بىز خاھلىساق، ھازىرقى زاماندا ئىسپاتلاپ چىقىلغان ئىلمىي ھەقىقەتلەرنى سىلەرگە يۈزلەپ، بەلكى مىڭلاپ ساناپ بېرىمىز، بۇلارنىڭ ھەممىسى «قۇرئان كەرىم»دە ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەۋزىلى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىدە تېپىلىدۇ. ئاللاھ تائالا «ئالەملەرگە رەھمەتتۇر» دەپ سۈپەتلىگەن پەيغەمبەرنىڭ كىملىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىشىڭلاردىن ئىلگىرى، ئۇنىڭ سۈننەتلىرىدىن ئازراق بىرنەرسە ئوقۇپ باقساڭلار بولارمىكىن؟

قۇلىقى پاڭ ئادەمنىڭ يېقىملىق ئاۋازلارنى تەنقىد قىلماسلىقىنى، كۆزى كور ئادەمنىڭ چىرايلىق مەنزىرىلەرنى ئەيىبلىمەسلىكىنى، بۇرۇن ياللۇغى بار ئادەمنىڭ خۇش پۇراقلارنى ئىنكار قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شەككە سالغۇچىلار يولباشچىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈرىتىنى بۇلغاشقا قانچىلىك كۈچەپ كەتسۇن، ئۇ ھامان نۇرلۇقتۇر، پارلاقتۇر ۋە ئۆچمەستۇر. دىنسىزلار نېمە دېسە دېسۇن، نېمە قىلسا قىلسۇن، ئۇ زاتنىڭ سۆزلىرى شېرىن بۇلاقتۇر. سەپسەتىچىلەر «قۇرئان» نۇرىنى ۋە ئاللاھ نۇرىنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن قانچە كۈچىسۇن، ئۇ داۋاملىق يورۇقتۇر ۋە چاقناقتۇر. ئاللاھ دەيدۇكى: ﴿ئۇلار (يەنى مۇشرىكلەر، يەھۇدىيلەر ۋە ناسارالار) ئاللاھنىڭ نۇرىنى (يەنى ئىسلام دىنىنى) ئېغىزلىرى (يەنى يالغان – ياۋىداق بوھتانلىرى) بىلەن ئۆچۈرمەكچى بولىدۇ، ئاللاھ ئۆز نۇرىنى ئۈستۈن قىلماي قالمايدۇ، كافىرلار (بۇنى) يامان كۆرگەن تەقدىردىمۇ. ئاللاھ ھەق دىن (ئىسلام) نى بارلىق دىنلاردىن ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرىنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى تولۇق) ھىدايەت ۋە ھەق دىن بىلەن ئەۋەتتى، مۇشرىكلار ئۇنىڭ (ئۈستۈن بولۇشىنى) يامان كۆرگەن تەقدىردىمۇ ﴾(9/«تەۋبە»، 32، 33).

ئى ئاللاھ! سەن ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن كۈچلۈكسەن! ئۇلارغا ۋە ئۇلارنىڭ ئارقىدا تۇرۇۋاتقانلارغا رەددىيە بېرىشكە، ئۇلارنى توختىتىشقا ۋە ئۇلاردىن ھېساب ئېلىشقا قادىرسەن، چۈنكى سەن كىتابىڭدا ﴿ئاللاھنى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنى رەنجىتىدىغانلارنى ئاللاھ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە رەھمىتىدىن يىراق قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا خار قىلغۇچى ئازابنى تەييارلايدۇ﴾(339/«ئەھزاب»، 57) دېگەنسەن.

بىز ئاللاھ دېگەندەك دەيمىزكى: ﴿زاڭلىق قىلىڭلار، ئاللاھ سىلەر قورقىدىغان نەرسىنى چوقۇم ئاشكارا قىلىدۇ﴾(9/«تەۋبە»، 64).

مەنبە: خطاب علمي ومادي لمن لايؤمن بمحمد رسول الله/ الكاتب : عبد الدائم الكحيل http://rasoulallah.net/index.php/ar/articles/article/6824

تەرجىمىدە: ھەزرىتى ئەلى


1. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: بۇخارىي، (1041)؛ مۇسلىم، (911).
2. ئەھمەد، ( 9532). شۇئەيب ئەلئارنائۇت «ھەسەن» دېگەن.
3. مۇسلىم، (195).
4. بۇخارىي، (5678).

Please follow and like us: