ئەرەبلەردە مۇنداق ماقال – تەمسىللەر بار: «ئىسىم شۇ ئىسىمنىڭ ئىگىسىگە دالالەت قىلىدۇ»، «ھەركىمنىڭ ئۆز ئىسمىدىن بىر ئېرىشىدىغىنى بولىدۇ»، «لەقەم ئاسماندىن چۈشىدۇ».
ئۇلارنىڭ ئۆرپ – ئادىتىدە، بىرقانچە خىل ئىسىم بىلەن ئاتىلىش ئاتالغۇچىنىڭ شان – شەرەپلىك، نوپۇزلۇق ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇلار يۈكسەك مەرتىۋە ۋە ئابرۇيلۇق كىشىلەرگە بىرقانچە خىل ئىسىملارنى قوللىنىدۇ. ئىسىم تاللاش ئىسلام ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلگەن ۋە تەشەببۇس قىلغان مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاللاھ تائالا ئەزىزلىگەن ۋە پەقەت ئۇنىڭغىلا خاس قىلغان ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى ئەنە شۇ ئالاھىدە مەنىگە ئىگە ئىسىم ۋە سۈپەتلەر بىلەن ئاتىلىشىدۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىسىملىرى ئۇ زاتتا ھەقىقىي رەۋىشتە ئۆز مەنىسىنى تاپقان، ئەدەب – ئەخلاق ۋە ئىش ھەرىكەتلىرىدە ھەقىقىي نامايان بولغانىدى.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىسىملىرى:
1. مۇھەممەد (مُحَمَّدٌ): مۇھەممەد پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەڭ مەشھۇر ئىسمى بولۇپ «قۇرئان كەرىم»دە بىرنەچچە ئورۇندا تىلغا ئېلىنغان. مەسىلەن: ﴿مۇھەممەد ئاللاھنىڭ رەسۇلىدۇر، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان مۇئمىنلەر كافىرلارغا قاتتىقتۇر، ئۆزئارا كۆيۈمچاندۇر﴾(48/«فەتھ»: 29).
مۇھەممەد دېگەن ئىسىم ئىمام ئىبنۇلقەييىمنىڭ بايانىغا كۆرە «تەۋرات»تىمۇ ئېنىق «مۇھەممەد» دەپ تىلغا ئېلىنغان.
2. ئەھمەد (أَحْمَدُ): بۇ ئىيسا ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ئاتىغان ئىسىمدۇر. بۇ «قۇرئان كەرىم»دە مۇنۇ ئايەتتە بايان قىلىنىدۇ: ﴿ئۆز ۋاقتىدا مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا: «ئىي ئىسرائىل ئەۋلادى! مەن سىلەرگە ھەقىقەتەن ئاللاھ ئەۋەتكەن، مەندىن بۇرۇن كەلگەن «تەۋرات»نى تەستىق قىلغۇچى، مەندىن كېيىن كېلىدىغان ئەھمەد ئىسىملىك پەيغەمبەر بىلەن خۇش بېشارەت بەرگۈچى پەيغەمبەردۇرمەن» دېدى﴾(61/«ساف»: 6).
«ئەھمەد» بىلەن «مۇھەممەد» (كەلىمەسى) نىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەرق:
بىرىنچى: «مۇھەممەد»نىڭ مەنىسى ئارقا – ئارقىدىن ماختاشقا، مەدھىيەگە سازاۋەر بولغۇچى دېگەن مەنىدە. دېمەك، بۇ سۆز پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ماختىغۇچىلارنىڭ كۆپلۈكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ دېگەنلىك پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدە ماختاشقا سەۋەب بولىدىغان ئامىللار كۆپ دېگەنلىكتۇر. «ئەھمەد» سۆزى بولسا ماختاش سۆزىنىڭ ئاشۇرما سۈپەتدىشى بولۇپ، باشقىلارغا قارىغاندا ماختاشقا كۆپرەك سازاۋەر بولۇش ھەققى بارلىق مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. «مۇھەممەد» سۆزى ماختاش مىقدارىنىڭ كۆپلۈكىنى بىلدۈرسە، «ئەھمەد» سۆزى سۈپەتتىكى زىيادىلىكنى ئىپادىلەيدۇ. شۇڭا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەڭ كۆپ ۋە ئەڭ ئەۋزەل رەۋىشتە ماختىلىدۇ.
ئىككىنچى: «مۇھەممەد» كەلىمەسى يۇقىرىدا بايان قىلغىنىمىزدەك «تەكرار ماختاشقا، مەدھىيەگە سازاۋەر بولغۇچى» دېگەن مەنىدە. «ئەھمەد» بولسا «ئۇنىڭ پەرۋەردىگارىغا ھەمدۇسانا ئېيتىشى باشقا ھەمدۇسانا ئېيتقۇچىلارغا قارىغاندا كۆپ ئەۋزەل» دېگەن مەنىدە. دېمەك، «مۇھەممەد» دېگەن ئىسىم ئۇنىڭ ماختاشقا سازاۋەر بولغۇچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرسە، «ئەھمەد» دېگەن ئىسىم «رەببىنى ئەڭ بەك ماختىغۇچى (ھەمدۇسانا ئېيتقۇچى)» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
3. يىغقۇچى (الْحَاشِرُ): ئىنسانلار مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كەلگەندىن كېيىن ھېساب ئۈچۈن يىغىلىدۇ. خۇددى بۇ پەيغەمبەر ئىنسانلارنى ھىسابقا يىغىشقا كەلگەندەكلا.
4. ئۆچۈرگۈچى (الْمَاحِي): ئاللاھ تائالا مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن كۇفۇرنى ئۆچۈرۈۋېتىدۇ.
5. ئەڭ ئاخىرىدا كەلگۈچى (الْعَاقِبُ): ياخشىلىقتا ئۆزىدىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرگە ئىزباسار بولغۇچى. ئۇ بولسىمۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدۇر.
يۇقىرىقى بەش ئىسىم سەھىھ ھەدىستە بايان قىلىنغان. جۇبەير ئىبنى مۇتئىم رىۋايەت قىلدىكى: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە ئۆزىنى بىرقانچە ئىسىم بىلەن ئاتاپ بەرگەن. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹مەن مۇھەممەد. مەن ئەھمەد. مەن ئاللاھ تائالا مەن بىلەن كۇفۇرنى ئۆچۈرۈۋېتىدىغان ئۆچۈرگۈچى. مەندىن كېيىن كىشىلەر ھېساب ئېلىش ئۈچۈن يىغىلىدىغان يىغقۇچى. مەن ئۇنىڭدىن كېيىن ھېچبىر پەيغەمبەر كەلمەيدىغان ئەڭ ئاخىرىدا كەلگۈچى›»(1).
تەۋەككۈل قىلغۇچى (الْمُتَوَكِّلَ): ھەرقانداق ئەھۋالدا رەببىگە تەۋەككۈل قىلغۇچىدۇر. ئىمام بۇخارىي ئەتاﺋ ئىبنى يەساردىن رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ:
— رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تەۋراتتىكى سۈپىتىنى ماڭا سۆزلەپ بەرسەڭ، — دېسەم، ئۇ دېدىكى:
— بولىدۇ، ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۇ زات ھەقىقەتەن تەۋراتتا قۇرئاندىكى بەزى سۈپەتلىرى بىلەن مۇنداق سۈپەتلەنگەن: ‹ئى نەبىي! بىز سېنى ھەقىقەتەن گۇۋاھچى، بىشارەتچى، ئاگاھلاندۇرغۇچى ۋە ئۇممىيلەرنىڭ دىنىنى قوغدىغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق. سەن مېنىڭ بەندەم ۋە رەسۇلۇمسەن، سېنى مۇتەۋەككىل (ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغۇچى) دەپ ئاتىدىم›. ‹بەتئەخلاق، قوپال ئەمەس، بازارلاردا سۈرەن سالغۇچى ئەمەس. ئۇ يامانلىق قىلغانلارغا يامانلىق قىلماي، ئەپۇ قىلىۋېتىدۇ، كەچۈرۈۋېتىدۇ. ئازغان خەلق ”بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق“ دەپ ئىمان ئېيتىپ، ئۇلارنىڭ ھەقىقەتنى كۆرمەس كۆزلىرىنى، ئاڭلىماس قۇلاقلىرىنى، پەردىلەنگەن دىللىرىنى ئاشۇ سۆز بىلەن ئاچمىغۇچە ئاللاھ ئۇنى ۋاپات تاپقۇزمايدۇ›»(2).
6. تەۋبە پەيغەمبىرى (نَبِىُّ التَّوْبَةِ): يەنى ئاللاھ تائالا زېمىن ئەھلىگە ئۇ ئارقىلىق تەۋبە ئىشىكىنى ئاچىدۇ.
7. رەھمەت پەيغەمبىرى (نَبِىُّ الرَّحْمَةِ): يەنى ئاللاھ تائالا ئۇنى ئالەملەرگە رەھمەت قىلىپ ئەۋەتتى. ئۇ ئارقىلىق مۇئمىن، كافىر — پۈتۈن زېمىن ئەھلىگە رەھىم قىلدى. ئەبۇ مۇسا ئەشئەرىي (ئاللاھ رازى بولسۇن ) رىۋايەت قىلىدۇكى: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە ئۆزىنى بىرقانچە ئىسىملار بىلەن ئاتاپ بەردى: ‹مەن مۇھەممەد، ئەھمەد، ئاخىرىدا كەلگۈچى، يىغقۇچى، تەۋبە پەيغەمبىرى ۋە رەھمەت پەيغەمبىرىدۇرمەن›»(3).
8. شىددەتلىك ئۇرۇشلار پەيغەمبىرى (نَبِىُّ الْمَلاَحِمِ). يەنى ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرى بىلەن شىددەتلىك ئۇرۇشلارنى قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن. ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى: «مەن مەدىنەنىڭ يولىدا كېتىۋاتقان ئىدىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مېڭىۋېتىپ مۇنداق دىگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: ‹مەن مۇھەممەد، ئەھمەد، تەۋبە پەيغەمبىرى ۋە رەھمەت پەيغەمبىرى، يىغقۇچى، ئاخىرىدا كەلگۈچى، شىددەتلىك ئۇرۇشلار پەيغەمبىرىدۇرمەن›»(4).
9. مېھرىبان ۋە كۆيۈمچان (الرَّؤُوفُ الرَّحِيمُ). ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿شۈبھىسىزكى، سىلەرگە ئۆز ئاراڭلاردىن پەيغەمبەر كەلدى. سىلەرنىڭ كۈلپەت چېكىشىڭلار ئۇنىڭغا ئېغىر تۇيۇلىدۇ، ئۇ سىلەرنىڭ (ھىدايەت تېپىشىڭلارغا) ھېرىستۇر، مۇئمىنلەرگە ئامراقتۇر، ناھايىتى كۆيۈمچاندۇر﴾(9/«تەۋبە»: 128).
جۇبەير ئىبنى مۇتئىم رىۋايەت قىلدىكى: «ھەقىقەتەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېدىكى: ‹مەن مۇھەممەد، مەن ئەھمەد، مەن ئاللاھ تائالا مەن ئارقىلىق كۇفۇرنى ئۆچۈرۈۋېتىدىغان ئۆچۈرگۈچى، مەن كىشىلەرنى يىغىدىغان يىغقۇچى، مەندىن كېيىن ھېچبىر پەيغەمبەر كەلمەيدىغان ئەڭ ئاخىرىدا كەلگۈچى، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئۇنى كۆيۈمچان، رەھىمدىل دەپ ئاتىدى›»(5).
10. فەتھ قىلغۇچى (الفَاتِحُ). يەنى ئاللاھ تائالا ئۇ ئارقىلىق ھىدايەت ئىشىكىنى ئاچىدۇ. قارىغۇ كۆز، پاڭ قۇلاق ۋە قۇلۇپلىنىپ قالغان قەلبلەرنى ئاچىدۇ ۋە كافىرلارنىڭ شەھەرلىرىنى فەتھ قىلىدۇ. جەننەتنىڭ ئىشىكلىرىنى، ئىلىم ۋە ياخشى ئەمەلنىڭ يوللىرىنى ئاچىدۇ. ئەبۇ قىلابە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىشىچە، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم «مەن مەن فاتىھ ۋە تۈگەنچى قىلىپ ئەۋەتىلدىم. مول مەزمۇنلۇق سۆزلەر ۋە ئۇنىڭ فاتىھەلىرى ئاتا قىلىندىم»(6).دېگەن.
يەنە مۇنداق ئىسىم – سۈپەتلەرمۇ بار:
ئادەم بالىلىرىنىڭ سەركىسى (سَيِّدُ وَلَدِ آدَمَ). سەھىھ ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مەن ئادەم بالىلىرىنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى كاتتىسىدۇرمەن»(7).دېگەن.
كۈلۈمسىرىگۈچى ۋە قىرغىن قىلغۇچى (الضَّحُوكُ القَتَّال). يەنى مۇئمىنلەرگە ئوچۇق چىراي، ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىنى قىرغىن قىلغۇچى، بۇ يولدا مالامەت قىلغۇچىنىڭ مالامىتىدىن قورقمايدۇ. بۇ قوش سۈپەت بولۇپ، بىرىنى بىرىدىن ئايرىماي تىلغا ئېلىنىدۇ. بۇ ئىككى سۈپەت ئىمام ئىبنۇلقەييىم ۋە باشقىلارنىڭ بايانىغا كۆرە «تەۋرات»تا بايان قىلىنغان.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىسىم سۈپەتلىرى ئىككى تۈرلۈكتۇر.
بىرىنچى: پەقەت پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمغىلا خاس ئىسىملار. مەسىلەن: مۇھەممەد (مُحَمَّدٌ)، ئەھمەد (أَحْمَدُ)، ئەڭ ئاخىرىدا كەلگۈچى (الْعَاقِبُ)، يىغقۇچى (الْحَاشِرُ)، ئىز بېسىپ كەلگۈچى (الْمُقَفِّي)، شىددەتلىك ئۇرۇش پەيغەمبىرى (نَبِىُّ الْمَلْحَمَةِ).
ئىككىنچى: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە باشقا پەيغەمبەرلەرگە ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان ئەمما پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدا ھەقىقىي مۇكەممەللىكىنى تاپقان ئىسىملار. مەسىلەن: ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، پەيغەمبىرى ۋە بەندىسى (رسول الله ونبيه وعبده)، شاھىد (الشَّاهِدُ)، خۇش – بېشارەت بەرگۈچى (الْمُبَشَّرُ)، ئاگاھلاندۇرغۇچى (النَّذِيرُ)، رەھمەت پەيغەمبىرى (نَبِىُّ الرَّحْمَةِ)، تەۋبە پەيغەمبىرى (نَبِىُّ التَّوْبَةِ).
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كۇنيەتى(8).
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەڭ چوڭ پەرزەنتى بولغان ئوغلى قاسىمنىڭ ئىسمى بىلەن «ئەبۇلقاسىم» دېگەن كۇنيەت بىلەن چاقىرىلاتتى. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بازاردا ئىدى، بىر ئادەم:
— ئى ئەبۇلقاسىم! — دېدى. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇرۇلۇپ قارىسا، ئۇ ئادەم:
— مەن بۇنى چاقىرغانىدىم، — دېگەنىدى، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— ئىسمىمنى قويۇڭلار، كۇنيىتىمنى قوللانماڭلار، — دېدى»(9).
مانا بۇ بولسا ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبەر، يۇقىرىقىلار بولسا ئۇ زاتتا ئۆز مەنىسىنى تاپقان بىر قىسىم مۇبارەك ئىسىملىرىدۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىسىم، سۈپەت، ئەخلاق ۋە بارلىق ئىش – ھەرىكەتلىرى ئۇلۇغ بىر زاتتۇر. بۇلار ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىگە كۈچ بېرىپ، دۈشمەنلىرى ۋە ھەسەتخورلىرىنىڭ ئەلىمىنى ئاشۇرماسمۇ؟!
مەنبە: أسماؤه – صلى الله عليه وسلم
https://www.islamweb.net/ar/article/143659
تەرجىمەدە: ئابدۇللاھ
1. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي، (4896)؛ مۇسلىم، (2354).
2. بۇخارىي، (2125).
3. مۇسلىم، (2355).
4. ئەھمەد، (23492). ئالبانىي: «مۇختەسەرۇششەمائىل»، 316 – بەت. «ھەسەن ھەدىس» دېگەن.
5. مۇسلىم، (2354).
6. ئابدۇرراززاق، (10163). ئالبانىي («زەئىفۇلجامىئى»، (2055): «مۇرسەل ۋە زەئىف» دېگەن.
7. مۇسلىم، (2278).
8. كۇنيەت/كۇنيە (الْكُنْيَةُ): ئەرەب جەمئىيىتىدە «ئەبۇ»، «ئۇممۇ»، «ئىبنى» ياكى «بىنتى» دېگەندەك كەلىمەلەر بىلەن تۈزۈلىدىغان، شەخسلەرگە ئىسىم ياكى لەقەملىرى بىلەن قوشۇپ – قوشماي قوللىنىلىدىغان تونۇتقۇچى ئىبارە. ئادەتتە ئېسىل كىشىلەرگە ھۆرمەت يۈزىسىدىن ئىسمىنى بىۋاسىتە ئاتاشنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن، ئەبۇلقاسىم (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم)، ئەبۇبەكرى، ئۇممۇ سەلەمە، ئىبنى ئۆمەر دېگەندەك. بوۋاققىمۇ خۇش پال ئېلىش جەھەتتىن كۇنيە ئىشلىتىلىدۇ. بەزى يىرتقۇچ ھايۋاناتلارغىمۇ، تىلغا ئېلىش ئەپسىز نەرسىلەرگىمۇ كىنايە تەرىقىسىدە ئىشلىتىلىدۇ. قاراڭ: «ئەرەب تىلى كومىتېتى»: «الْمُعْجَمُ الْوَسِيطُ (ئەلمۇئجەمۇل ۋەسىت)»، 2/802، مەكتەبەتۇششۇرۇق ئەددۇۋەلىييە، قاھىرە، ھ. 1425 / م. 2004؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى»، (تۈركچە) 26/558، 559، ئىستانبۇل، م. 2002.
9. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي، (2121)؛ مۇسلىم، (2131).