101 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! پېشىن، دىگەر ياكى خۇپتەنگە ئوخشاش تۆت رەكئەتلىك نامازلارنى قەسىر قىلغاندا ئىككى رەكئەت ئوقۇيمىز. بۇ نامازلارنى قەسىر ھالىتىدە قازا قىلغان كىشى قازاسىنى قانداق ئوقۇيدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ﯞﻩسەللەم سەھىھەيندە: «كىمكى بىر نامازنى ئۇنتۇپ قالغان بولسا، يادىغا كەلگەن ھامان ئۇنى ئوقۇۋالسۇن! ئۇنىڭغا بۇنىڭدىن باشقا كەففارەت يوق. (چۈنكى، ئاللاھ تائالا دەيدۇكى): ﴿مېنى ئەسلەش ئۈچۈﻥ ناماﺯ ئوقۇغىن﴾(20/«تاھا»: 14)» دېگەن. بۇ ھەدىس ئۆتۈپ كەتكەن ھالىتى ئېتىبارغا ئېلىنىشى كېرەكلىكىنى كۈچلەندۈرىدىغانلىقى ئۈچۈن، ھەنەفىي مەزھەبنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزەرىدە مەيلى سەپەردە بولسۇن ياكى يۇرتىدا تۇرۇۋاتقاندا بولسۇن تۈرلۈك سەۋەبلەردىن ئوقۇيالماي ئۆتۈپ كەتكەن نامازنىڭ قازاسىنى قانداق ھالەتتە ئۆتۈپ كەتكەن بولسا شۇ بويىچە قىلىدۇ. يەنى قازا ئادا ھالىتى بويىچە قىلىنىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، سەپەردە ئۆتۈپ كەتكەن تۆت رەكئەتلىك نامازنى مۇقىملاشقاندىن كېيىن (ياكى باشقا سەپەردە) ئوقۇماقچى بولسا سەپەردىكى ھالىتى بويىچە قەسىر قېلىپ ئىككى رەكئەت ئوقۇيدۇ. مۇقىم ھالەتتە ئۆتۈپ كېتىپ كېيىن سەپەر ئۈستىدە (ياكى مۇقىم تۇرغاندا) ئوقۇماقچى بولسا مۇقىم تۇرۇۋاتقان ھالەتتىكى بويىچە تۆت رەكئەتلىكنى تۆت، ئۈچ رەكئەتلىكنى ئۈچ، ئىككى رەكئەتلىكنى ئىككى رەكئەت ئوقۇيدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم.
102 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئىددەت ئىچىدە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟ بالىلارنى مەكتەپكە ئاپىرىپ – ئەكىلىشكە، دەرسكە ۋە بازارغا بېرىشقا بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئۈچ ھەيز كۆرۈپ ساقايغۇچە ياكى ھامىلدار بولسا تۇغۇپ قوپقۇچە داۋاملىشىدىغان تالاق ئىددىتىدە مەيلى ئۇ بىرىنچى ياكى ئىككىنچى قېتىملىق يېنىۋالالايدىغان (رەجئىي) تالاق بولسۇن ياكى ئۈچىنچى قېتىملىق ئۈزۈل – كېسىل ئاجرايدىغان (بائىن) تالاق بولسۇن، زۆرۈر بولمىغان ئەھۋالدا ئۆيدىن ئېرىنىڭ رۇخسىتىسىز سىرتقا چىقمايدۇ. چىقىپ ئۆزى قىلمىسا زادى بولمايدىغان خىزمەت، رەسمىيەت، دەرس، داۋالىنىش، يېمەك – ئىچمەك قاتارلىقلارغا چىقىدۇ. مۇمكىنقەدەر كۈندۈزى چىقىپ، ئاخشاملىرى چىقمايدۇ. قونۇشتا چوقۇم شۇ ئۆيدە قونىدۇ. بۇ ئىددەتتە ئۆي ئىچىدە زىبۇزىننەت، ياسىنىش ۋە خۇشپۇراق ئىشلىتىشلەر چەكلەنمەيدۇ. چۈنكى، بۇ ئىددەتتە ھازا تۇتۇش يوق.
تۆرت ئاي ئون كۈن ياكى ھامىلدار بولسا تۇغۇپ قوپقۇچە داۋاملىشىدىغان ۋاپات ئىددىتىدىمۇ ئوخشاشلا زۆرۈر بولمىغان تەقدىردە ئېرى ۋاپات بولغان ئۆيدىن سىرتقا چىقمايدۇ. لېكىن بۇ ئىددەتتە ئۆي ئىچىدىمۇ زىبۇزىننەت، ياسىنىش ۋە خۇشپۇراق ئىشلىتىشلەر چەكلىنىدۇ. چۈنكى، بۇ ئىددەتتە ھازا تۇتۇش ۋاجىب.
ھەر ئىككى ئىددەتتە تۇرۇۋاتقان جايدا خەپسىزلىكتىن ياكى رەسمىيەت بولمىغانلىقتىن تۇرالمايدىغاندەك قاتتىق زۆرۈرىيەت كۆرۈلمىگەن تەقدىردە قىسقا ياكى ئۇزۇن سەپەر قىلىشقا بولمايدۇ. ساياھەت، تىجارەت، تۇغقان يوقلاش، ئۆمرە ۋە ھەتتا پەرز ھەجگىمۇ سەپەر قىلماي تۇرىدۇ.
بائىن ياكى خۇلئى تالاق قىلىنغان ئەھۋالدا ئەر يات ھېسابلىنىدىغان بولغاچقا، ئايال ئۇ ئەر بىلەن بىر ئۆيدە خالىي تۇرسا بولمايدۇ. پەقەتلا مەھرەم كىشى بىللە تۇرسا ئاندىن ئېرى بار ئۆيدە تۇرسا بولىدۇ.
يەنە ئىددەت مەزگىلىدە باشقىلار بىلەن توي قىلىشقا پۈتۈشۈشكە بولمايدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم.
103 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! مەن ۋە ئائىلەمدىكىلەر چەتئەل ۋەتەنداشلىقى ئىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمىز، ئوغلۇم ۋە قىزىم بۇ يات تۇپراقتا تۇغۇلدى. بىز ۋەتەنداشلىق ئالغاندىن كېيىن شەرقى تۈركىستان ۋە ئىككىنچى ۋەتەن ئالدىدىكى ھوقوق ۋە مەجبۇرىيەتلىرىمىز نېمىلەردىن ئىبارەت بولىدۇ؟ بايان قىلىپ بەرگەن بولسىلا.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. دىنىمىزدا ۋەتەنداشلىقنى شۇ دەرىجىدە ئەتىۋالايدۇكى، بىر ئىنساننى ۋەتىنىدىن چىقىرىۋېتىش، ئۇنى ئۆلتۈرگەنگە باراۋەر سانىلىدۇ. ۋەتەنداشلىق ياكى گراژدانلىق شەخس بىلەن بىرەر دۆلەت ئوتتۇرىدىكى مەنسۇبىيەت بولۇپ، شۇ دۆلەت ئۆزىنىڭ قانۇنىنى، مەجبۇرىيەت ۋە ھوقۇقلارنى بېكىتكەن بولىدۇ.
مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئەزىز ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندىن خىتتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە زۇلۇملىرى سەۋەبلىك ئايرىلىپ ياكى قايتالماي دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا سەرسان بولۇپ، تۈرلۈك دۆلەتلەرنىڭ ۋەتەنداشلىقىنى ئالدى ۋە ئالماقتا. دېمەك، بۇ سەرسانچىلىقنىڭ تۈپ سەۋەبى زۇلۇم ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقتۇر. شۇڭلاشقا باشقا بىر دۆلەتنىڭ ۋەتەنداشلىقىنى ئالغان تەقدىردىمۇ ئانا ۋەتەنگە بولغان مەنسۇبىيەتنى ھەرۋاقىت ھېس قىلغان ئاساستا، ئانا ۋەتەن مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا تىرىشىش، ئۆزلىرىنىڭ ھەقلىرى قولىدىن تارتىۋېلىنغان خەلق ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇماسلىق ۋە ئەۋلادلىرىغىمۇ بۇنى ئېنىق سىڭدۈرۈش بىلەن بىرگە، ئىككىنچى ۋەتەننىڭ تۈزۈملىرىگە ئىسلام ئەقىدىسى ۋە تەۋەللا – تەبەررا پرىنسىپلىرى ئاساسىدا رىئايە قىلىش، ئۇ يۇرتقا تاقىتى يەتكەنچە پايدىلىق ئىش قىلىش، زىيان ئۇرماسلىقتەك مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشى كېرەك. قايسىبىر يۇرتتا ئۆزىگە ۋە ئائىلىسىگە دىيانەت ۋە خاتىرجەملىك جەھەتتىن خەۋپ يېتىدىغان بولسا، خەۋپسىز جايغا ھىجرەت قىلىشى كېرەك بولىدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم.
104 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! «قىيامەت يېقىنلاشقاندا قۇرئان ئايەتلىرى مۇسھەفلەردىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ» دېگەن قانداق گەپ؟ قۇرئان ۋاراقلىرىدا ئايەتلەر يوقاپ كېتەمدۇ ياكى مۇسۇلمانلار ئازلاپ، كافىرلار كۈچىيىپ، قۇرئاننى تاپقىلى بولمايدۇ دېگەن گەپمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. قىيامەت يۈز بېرىشتىن ئىلگىرىكى ئالامەتلەرنىڭ بىرى شۇكى، پىتنە – پاسات، گۇناھ – مەئسىيەت ۋە نادانلىق سەۋەبىدىن ئىسلامنىڭ نۇرى ئۆچىدۇ، ئىسلام كۆرسەتمىلىرى ۋە تەلىماتلىرى يوقاپ كېتىپ، كىشىلەردە نە روزا، نە نامازدىن ئەسەر قالمايدۇ. كىشىلەرنىڭ قەلبلىرىدىن قۇرئان كۆتۈرۈلۈپ كېتىپ، يەر يۈزىدە ئۇنىڭدىن بىرمۇ ئايەت قالمايدۇ. كىشىلەر ئارىسىغا نادانلىق شۇ قەدەر تارقىلىپ كېتىدۇكى، ھەتتا قېرى كىشىلەر ۋە مومايلارمۇ: بىز ئاتا – بوۋىلىرىمىزنى مۇشۇ «لا ئىلاھە ئىللەللاھۇ» دېگەن كەلىمە ئۈستىدە تاپقان، بىزمۇ شۇنى دەۋاتىمىز، دەيدۇ.
ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىيىمنىڭ كەشتىسى ئۆچكەندەك ئىسلامنىڭمۇ ئىزى ئۆچىدۇ، ھەتتا روزا، ناماز، قۇربانلىق، زاكاتنىڭ نېمىلىكى بىلىنمەي قالىدۇ. بىر كېچىنىڭ ئىچىدىلا ئاللاھنىڭ كىتابى يوقىلىپ، يەر يۈزىدە ئۇنىڭدىن بىرمۇ ئايەت قالمايدۇ. ئىنسانلاردىن بىر بۆلۈك قېرى كىشىلەر ۋە مومايلار: بىز ئاتا بوۋىلىرىمىزنى مۇشۇ ›لا ئىلاھە ئىللاللاھۇ‹ دېگەن كەلىمە ئۈستىدە تاپقان، بىزمۇ شۇنى دەۋاتىمىز، دېگەن ھالەتتە قالىدۇ».
ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ ھەدىسنى بايان قىلغان چاغدا ئەتراپتىكى كىشىلەر ھەيران قېلىشتى. (ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلغان) راۋى سىلە ئىبنى زۇفەر (ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن):
— ئى ھۇزەيفە! ناماز، روزا، قۇربانلىق، زاكاتنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدىغان كىشىگە بۇ كەلىمىنىڭ نېمە پايدىسى بار؟ — دەپ سورىغانىدى، ھۇزەيفە ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ تۇرۇۋالدى. سىلە بۇ سوئالنى ئۈچ قېتىم سورىدى. ھەر قېتىمدا ھۇزەيفە ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرىۋالدى. ئۈچىنچى قېتىمدا ھۇزەيفە ئۇنىڭغا بۇرۇلۇپ:
— ئۇ چاغدا بۇ كەلىمە ئۇلارنى دوزاختىن قۇتۇلدۇرىدۇ، — دېدى(ئىبنى ماجە، 4049).
ئاللاھقا شۈكرى! بۇ ئالامەتلەر تېخى كۆرۈلمىدى. چۈنكى ئىسلام دىنى ھېلىھەم كېڭىيۋاتىدۇ ۋە تارقىلىۋاتىدۇ.(دوكتور مۇھەممەد ئەلئەرىيفىينىڭ «دۇنيا ئۆزىنىڭ ئاخىرقى تىنىقلىرىدا… قىيامەتنىڭ چوڭ – كىچىك ئالامەتلىرى» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى).
105 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سول قولدا زىكرى ئوقۇش خاتامۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. سول قولدا زىكىر – تەسبىھ ئېيتىشنى چەكلىگەن ياكى ئوڭ قولدىلا قىلىسەن دېگەن ئەھۋال يوق. قول ۋە بارماقلار ساناشقا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنى ئوڭ ۋە سول ھەر ئىككى قولدا ياكى قايسىبىرىدە سانىسا بولىدۇ. بولۇپمۇ ئوڭ قولى باشقا بىر ئىش بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقان ياكى تالغان ياكى ئاغرىپ قالغاندا سول قولىدا سانىشى تەبىئىي. بۇنىڭدا ئازادىچىلىك بار. بۇ سەۋەبتىن سول قولدا زىكىر – تەسبىھ ساناشنى خاتا دېگىلى بولمايدۇ. پەقەتلا كۆپىنچە ئىشلاردا ئوڭدىن باشلاش سۈننەت بولغاچقا، ئوڭ قول بىلەن باشلاش مۇستەھەب، سول قولدا زىكىر – تەسبىھ ئېيتىش جائىز دېيىشكە بولىدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زىكىر – تەسبىھنى ئوڭ قولدا قىلغانلىقى ھەققىدىكى ھەدىس سەھىھ كەلمىگەن. ئۇ ھەدىس بويىچە ئېيتقاندىمۇ ئوڭ قولدا ساناشنىڭ ئەۋزەللىكنى بىلدۈرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز رۇكۇ – سەجدىگە بارغاندا، ئەتتەھىيياتۇدا ئولتۇرغاندا، دۇئا قىلغاندا ۋە ئايەت ئوقۇپ ھۈرۈپ بەدەننى سىلىغاندەك ئىبادەتلەردە ھەر ئىككى قولنى ئىشلىتىمىز.
بۇ ھەقتە نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ فاتىھەنى سول قولىنى تۈگۈپ تۇرۇپ ئىككى ئالقىنىنى جەملەپ يەتتە دەپ سانىغانلىقى، ئىبنى سىرىن، ئۇرۋە ئىبنى ئەززۇبەير ۋە تاۋۇس قاتارلىق تابىئىنلەرنىڭ نامازدا ئايەتنى سول قولىداسانىغانلىقى ۋە بۇنى جائىز دەپ قارايدىغانلىقى مۇ رىۋايەت قىلىنغان (ئەبۇ ئەمر ئەددانىي: «ئەلبەيان فى ئەددى ئايىل قۇرئان» 66 – بەت.) قۇرئان بولسا زىكىرنىڭ ئەۋزىلىدۇر.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر ھەدىستە ئاياللارنى تەسبىھ، تەھلىلنى بارمىقىدا ساناپ ئېيتىشقا بۇيرۇغان ۋە بارماقلار بۇنىڭدىن سورىلىدىغانلىقىنى ۋە گۇۋاھلىق بېرىشكە سۆزلىتىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. (تىرمىزىي: 3583) بۇ ھەدىستە ئوڭ قولنىڭ بارمىقى بىلەنلا زىكىر -تەسبىھ ئېيتىشنى تەكىتلىمىگەن. بارماق پەقەت ساناش ۋاسىتىسى بولۇپ، مۇھىمى ئاللاھنى زىكىر قىلىپ تۇرۇشتۇر. ۋەللاھۇ ئەئلەم.
106 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە مېھرىبان ۋە كۆيۈمچان (الرَّؤُوفُ الرَّحِيمُ) ئىسىم – سۈپەتلىرىنى ئىشلەتكىنىمىزدە، ئەرەبچىسىدە ئەلىف – لامنى قوشساق بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بولىدۇ. چاتاق يوق. چۈنكى، خالىققىمۇ، مەخلۇققىمۇ ئورتاق ئىشلىتىش جائىز بولىدىغان بۇ تۈرلۈك ئىسىم – سۈپەتلەر بەندىگە ئىشلىتىلگەندە، بەندىگە لايىق مەنادا بولىدۇ. ئاللاھقا ئىشلىتىلگەن مەنادا بولمايدۇ. ئايەت ۋە ھەدىسلەردە شۇنداق قوشۇش بار. مەسىلەن. تاھا سۈرىسى 68 – ئايەتتە ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ئەلىف لام بىلەن «ئەلئەئلا» دەپ سۈپەتلىگەن. ئەئلا سۈرىسى 1 – ئايەتتىمۇ ئاللاھ ئۆزىنى «ئەلئەئلا» دەپ سۈپەتلىگەن. يۈسۈف سۈرىسى 88 – ئايەتتە يۈسۈف ئەلەيھىسسالام «ئەلئەزىز» دېيىلگەن. بۇ يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ قېرىنداشلىرى بولمىش پەيغەمبەر ئەۋلادلىرىنىڭ سۆزى. سەھىھەيندىكى ھەدىسلەردە ئاللاھنىڭ «ئەلمۇئمىن» ئىسىم – سۈپىتى بەندىگە قوللىنىلغان. «مَثَلُ الْمُؤْمِنِ كَمَثَلِ شَجَرَةٍ خَضْرَاءَ لاَ يَسْقُطُ وَرَقُهَا»؛ «مَثَلُ الْمُؤْمِنِ الَّذِي يَقْرَأُ الْقُرْآنَ كَمَثَلِ الأُتْرُجَّةِ»؛ «مَثَلُ الْمُؤْمِنِ كَالْخَامَةِ مِنَ الزَّرْعِ»؛ «مَثَلُ الْمُؤْمِنِينَ فِى تَوَادِّهِمْ وَتَرَاحُمِهِمْ وَتَعَاطُفِهِمْ مَثَلُ الْجَسَدِ». يەنە سەھىھەيندىكى بىر ھەدىستە «ئەلۋەدۇد ئەلىف – لام بىلەن «تَزَوَّجُوا الْوَدُودَ الْوَلُودَ فَإِنِّى مُكَاثِرٌ بِكُمُ الأُمَمَ» دەپ كەلگەن. يەنە سەھىھەيندىكى بىر ھەدىستە بەندىگە ئەلىف لامنى قوللىنىپ: «وَإِنَّمَا يَرْحَمُ اللهُ مِنْ عِبَادِهِ الرُّحَمَاءَ». دېگەن. «ئەررۇھەماﺋ» «ئەررەھىيم»نىڭ كۆپلۈكىدۇر. بۇنىڭ مىساللىرى ساناقسىز. لوقمان ھەكىمنىمۇ پۈتۈن ئىسلام ئۈممىتى ئەرەبچىسىدە «ئەلھەكىم» دەپ ئاتاپ كېلىگلىك. بەزى ئالىملار «ئەلىف – لامنى قوشۇپ ئاتاشقا بولمايدۇ» دەپ قارىغان بولسىمۇ يۇقىرىقى دەلىللەر بۇ ھەقتە كافىيدۇر. ۋەللاھۇ ئەئلەم.
107 – سوئال: سالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھنىڭ زىكرى بىلەن قەلىبلەرنىڭ تەسكىن تاپىدىغانلىقى سەھىھ ھەدىسلەردە كەلگەن. پىسخىكا دوختۇرلىرىنىڭ قارىشىچە، لىرىك مۇزىكىلارنىڭ، گۈزەل مەنزىرىلەرنىڭ كىشىنىڭ نېرۋىسىنى ئارام ئالدۇرىدىغانلىقىنى تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىپتۇ. مەزمۇنى ساغلام نەشىد ۋە زىنا – پاھىشىگە، زوراۋانلىق ياكى چۈشكۈنلۈك… تەك يامانلىققا تەرغىپ قىلمايدىغان مۇزىكىلارنىڭ دىنىمىزدا چەكلەنمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئالىملىرىمىزمۇ خېلى بار. ئۇنداقتا، يۇقىرىقىلارنى باھانە قىلىپ، قۇرئان ئايەتلىرىنى ئۇنىڭغا رېتىم، قاپىيە ۋە مۇزىكا كەلتۈرۈپ ناخشا قىلىپ ئوقۇشنىڭ ۋە ئۇنداق «پالانى سۈرە ناخشىسى» دەيدىغان ناخشىلارنى ئاڭلاشنىڭ ھۆكمى نېمە؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بارلىق ئالىملار «قۇرئان»نى قوغداش ۋە ھۆرمەتلەشنىڭ ۋاجىبلىقىدا بىرلىككە كەلگەن بولۇپ، ئاللاھنىڭ كالامى قۇرئان ئايەتلىرىنى مەيلى قانداق نىيەت ۋە مەقسەتتە بولسۇن ۋە قانداق شەكىل ۋە تەرىقىدە بولسۇن توغرا تىلاۋەت شەكلىدىن چىقىرىپ ناخشا قىلىپ ئوقۇشقا، ناخشىغا ئارىلاشتۇرۇپ ئوقۇشقا، ناخشا ئاھاڭلىرىدا ئوقۇشقا، «پالانى سۈرە ناخشىسى» دېيىشكە، مۇزىكىغا ئۇسۇلغا قېتىپ ئوقۇشقا ۋە ئويناشقا بولمايدۇ. ئۇنداق قىلغۇچى ياخشى نىيەت بىلەن قىلغان بولسىمۇ گۇناھكار بولىدۇ.
مۇبادا يۇقىرىقىدەك قىلمىشلاردىن بىرەرسىنى قۇرئاننى ياكى ئۇنىڭدىن بىرەر ئايەتنى ھەتتا بىرەر كەلىمەنى كۆزگە ئىلماسلىق، ئۆزگەرتىش، مەسخىرە قىلىش، ئويۇنغا ئايلاندۇرۇش، ھۆرمىتىنى چۈشۈرۈش ۋەياكى ئۇنىڭغا تېنىش مەقسىتىدە سادىر قىلسا ۋەياكى ئۇنى ھالال سانىسا ئېنىق كافىر بولىدۇ. بۇنىڭدا ئالىملار بىردەك قاراشتا.
ئاللاھ تائالا دەيدۇكى: ﴿ئەگەر سەن ئۇلارنىڭ (مەسخىرە قىلغانلىقىنى) سورىساڭ، ئۇلار: «بىز پەقەت ئىچ پۇشۇقى قىلىپ ئوينىشىپ دەپ قويدۇق» دەيدۇ. (بۇ مۇناپىقلارغا) «سىلەر ئاللاھنىڭ دىنىنى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى مەسخىرە قىلىۋاتقانمىدىڭلار؟» دېگىن. سىلەر ئۆزرە ئېيتماڭلار، سىلەر ئىمان ئېيتقىنىڭلاردىن كېيىن، كافىر بولدۇڭلار، سىلەردىن بىر گۇرۇھنى (راست تەۋبە قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن) ئەپۇ قىلساق، يەنە بىر گۇرۇھنى گۇناھكار بولغانلىقلىرى (يەنى مۇناپىقلىق بىلەن گۇناھنى داۋاملاشتۇرغانلىقلىرى) ئۈچۈن جازالايمىز﴾(9/«تەۋبە»: 65، 66).
﴿بىز پەيغەمبەرلەرنى پەقەت (ئىمان ئېيتقۇچىلارغا) خوش خەۋەر بەرگۈچى، (ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى( ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتىمىز. كافىرلار (پەيغەمبەرلەر ئېلىپ كەلگەن) ھەقىقەتنى يوققا چىقىرىش ئۈچۈن بىھۇدە سۆزلەرنى قىلىپ مۇنازىرىلىشىدۇ، ئۇلار مېنىڭ ئايەتلىرىمنى ۋە ئۇلارغا بېرىلگەن ئاگاھلاندۇرۇشلارنى مەسخىرە (يەنى ئويۇنچۇق) قىلىۋالدى﴾(18/«كەھف»: 56).
دېمەك، ئۇنداق قىلمىشلار كۇفۇر ۋە نىپاقتۇر. شۇڭا، ھەربىر مۇسۇلماننىڭ ئاللاھنىڭ كالامى بولمىش قۇرئان ئايەتلىرىنى ئۇلۇغلىشى، ئۇنى مەسخىرە قىلغان، ئويۇنغا ئايلاندۇرۇۋالغانلارنى كۈچىنىڭ يېتىشىچە توسۇشى، ئۇنداق مەسخىرىلەرنى تىڭشىماسلىقى ۋە كۆرمەسلىكى، ئۇنداقلارنى مۇسۇلمانلارنىڭ تۇيغۇلىرىغا ئازار بەرگىلى قويماسلىقى ۋە جەمئىيەتتە تۈرلۈك فىتنە ۋە بۇزغۇنچىلىق پەيدا قىلىشىنى ئەيىبلىشى كېرەك. ۋەللاھۇ ئەئلەم.
108 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز، ئوبدان تۇردىلىمۇ؟ ئاللاھ تەنلىرىنى سالامەت، ئۆمۈرلىرىنى بەرىكەتلىك قىلغاي. «سەھىھۇلبۇخارىي»نىڭ 2699 – ھەدىسىدە: «فَأَخَذَ رَسُولُ اللَّهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ الْكِتَابَ، فَكَتَبَ هَذَا مَا قَاضَى عَلَيْهِ مُحَمَّدُ بْنُ عَبْدِ اللَّهِ…» يەنى «شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ سۈلھنامىنى قولىغا ئېلىپ، بۇ ئابدۇللاھنىڭ ئوغلى مۇھەممەدنىڭ تۈزگەن كېلىشىمىدۇركى… دەپ يېزىپ سۈلھ تۈزدى» دەپ كەپتۇ. بىز پەيغەمبىرىمىزنى ساۋاتسىز پەيغەمبەر دەپ بىلەتتۇق، ئۇنداقتا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە خەت يېزىشنى ئۆگەنمەي ساۋاتسىز كەتكەنمۇ ياكى بۇ ھەدىستە كەلگىنىدەك خەت يېزىشنى ئۆگەنگەنمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ، تىنچلىق. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئايەت ۋە ھەدىسلەردە «ساۋاتسىز، يەنى خەت يېزىش ۋە ئوقۇشنى بىلمەيدىغان» دەپ سۈپەتلەنگەن تۇرۇقلۇق، بۇ ھەدىستە «يازدى» دەپ كەلگەن، بۇ ھەدىستىكى «يازدى» دېگەن سۆز سىياقىدىن قارىغاندا، «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆز قولى بىلەن يازدى» دېگەنلىكنى كۆرسىتىدۇ. بەزى ئالىملار: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇرۇن ساۋاتسىز ئىدى، خەت يېزىشنى بىلمەيتتى، ساۋاتسىزلىقى ئىسپاتلىنىپ بولغاندىن كېيىن، بۇ قېتىم ئاللاھنىڭ ئۆگىتىشى بىلەن بىر مۆجىزە قاتارىدا ئۆز قولى بىلەن خەت يازغان» دەپ قارىغان. يەنە بەزى ئالىملار بۇ ھەدىستىكى «يازدى» دېگەن سۆز مەجاز بولۇپ، ئۇنىڭدىن «ئەلىگە يازدۇردى دېگەن مەنە چىقىدۇ» دەپ چۈشەنگەن. يەنە بەزىلەر: «ساۋاتسىز كىشىلەرمۇ ئىسمىنىلا يېزىشنى بىلگەندەك، رەسۇلۇللاھمۇ ئىسمىنىلا يېزىپ قويغان، قالغىنىنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يازغان» دەپ چۈشەنگەن. قاراڭ: ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 7/503؛ ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 13/277.
109 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز، قانداق ئەھۋالىڭىز؟ مەن ھەدىسلەردە پەيغەمبىرىمىزنىڭ سەپەردىن قايتقاندا مەسجىدكە كىرىپ ناماز ئوقۇغانلىقىغا ئائىت ھەدىسنى كۆردۇم. بەزى قېرىنداشلىرىمىز ھەرقېتىم سەپەردىن بۇرۇنمۇ ئىككى رەكئەت سەپەر نامىزى ئوقۇيدۇ، بۇنىڭ ئاساسى بارمۇ؟ بۇنى قىلسا ياخشىمۇ ياكى بىدئەت قاتارىغا كىرەمدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ، تىنچلىق. پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سەپەردىن قايتقاندا مەسجىدكە كىرىپ ناماز ئوقۇغانلىقى سەھىھ ھەدىسلەردە كەلگەچكە، ئالىملار ئۇنى سۈننەت ۋە مۇستەھەب دەپ قارىغان. لېكىن سەپەرگە چىقىشتىن بۇرۇن ئۆيىدە ئىككى ياكى تۆت رەكئەت ئوقۇشنىڭ سۈننەت ياكى مۇستەھەبلىكىدە ئالىملارنىڭ قاراشلىرى پەرقلىق. چۈنكى، «ئۆيۈڭدىن چىققىنىڭدا ئىككى رەكئەت ئوقۇغىنكى، سېنى سىرتتىكى يامانلىقلاردىن ساقلايدۇ، ئۆيۈڭگە كىرگىنىڭدە ئىككى رەكئەت ئوقۇغىنكى، سېنى ئىچىدىكى يامانلىقلاردىن ساقلايدۇ»(بەززار 8567)؛ «بەندە سەپەرگە چىقماقچى بولغىنىدا بالىچاقىلىرىغا ئۇلارنىڭ يېنىدا ئوقۇغان ئىككى رەكئەت نامازدىنمۇ ئەۋزەل بىرنەرسە قويۇپ كەتمەيدۇ»(ئىبنى ئەبى شەيبە 4914) دېگەندەك بۇ ھەقتە كەلگەن بەزى ھەدىسلەرنى بىر قىسىم مۇھەددىسلەر «ھەسەن» دەپ قاراپ، بۇ نامازنى مۇستەھەب دېگەن بولسىمۇ، يەنە بىر قىسمى «زەئىف» دەپ قاراپ، ئۇ نامازنى مۇستەھەب ئەمەس دەپ قارىغان. يەنە ھەزرىتى ئەلى، ئىبنى ئۆمەر، مۇتئىم ئىبنى مىقدام ۋە ھارىس ئىبنى ئەبى رەبىئە قاتارلىق سەلەفلەردىن بۇ نامازنى ئوقۇغانلىقنى ياكى ئوقۇشقا بۇيرۇغانلىقنى رىۋايەت قىلىنغان. (ئىبنى ئەبى شەيبە 4914 – 4917). يەنە تۆت مەزھەبتىن خېلى كۆپ ئۆلىمالار بۇ نامازنى يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن مۇستەھەب دەپ قارىغان. شۇڭلاشقا، بۇ نامازنى بىدئەت دېيىشكە بولمىغىنىدەك، مۇستەھەب دەپ قانائەت ھاسىل قىلغانلارنى ئەيىبلىسە بولمايدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم.
110 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز؟ ئوبدان تۇردىلىمۇ؟ مىراس تەقسىماتىدىن بۇرۇن قەرزنى ئادا قىلىش ۋەسىيەتنى ئادا قىلىشنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ، دەپ بىلەتتىم. قارىسام، نىسا سۈرىسىنىڭ 12-ئايىتىدە ۋەسىيەتنى قەرزدىن بۇرۇن تىلغا ئاپتۇ، بۇنى تەئۋىل قىلامدۇق؟ ياكى بۇنداق تەرتىپنى ئالماشتۇرۇشنىڭ بىرەر سەۋەبى بارمۇ؟ چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىلا، رەھمەت ئاللاھ رازى بولسۇن.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. مىراس تەقسىماتى قىلىشتىن بۇرۇن قەرزنى ئادا قىلىش ۋەسىيەتنى ئادا قىلىشنىڭ ئالدىدا تۇرىدىغان تۇرۇقلۇق، ئايەت ۋەسىيەتنى قەرزدىن بۇرۇن تىلغا ئالدى. لېكىن، بۇ جايدا تەئۋىل كەلىمەسىنى ئىشلىتىش مۇناسىپ ئەمەس، چۈنكى بۇ ئايەتتىكى كۆزدە تۇتۇلغان مەزمۇن تەئۋىل قىلىش كەتمەيدىغان زاھىر مەزمۇندۇر. بولۇپمۇ ئايەتتە تەرتىپنى بىلدۈرىدىغان ئەھۋال يوق، پەقەتلا مىراس تەقسىماتى قەرز بىلەن ۋەسىيەتنى ئادا قىلغاندىن كېيىن بولىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. شۇنداقتىمۇ ئايەتتە نېمە ئۈچۈن ۋەسىيەت قەرزدىن ئاۋۋال تىلغا ئېلىنغان؟ دەپ سوئال قويۇلسا بولىدۇ. بۇنىڭغا ئالىملار: «ۋەسىيەت ئىختىيارىي خەير – ئىھسان، قەرز بولسا مەجبۇر تۆلىنىدىغان ھەق بولۇپ، ئادەتتە ۋەسىيەتكە سەل قارىلىدىغان بولغاچقا ھەم ۋەسىيەت كۆپىنچە پېقىر – مىسكىنگە قىلىنىدىغان بولغاچقا، تەرغىب قىلىش ۋە ئەھمىيىتىنى ئەسلىتىش جەھەتتىن، ئالدىن تىلغا ئېلىنغان» دېگەندەك سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ باققان. قاراڭ: ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 14/42.
111 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز؟ مەن ياۋروپادا ئىشلەيمەن، تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتكەن مۇسۇلمان ئەمەس بىر خىزمەتدېشىمنىڭ ئۆلۈم – يېتىم، دەپنە مۇراسىمىغا مەنمۇ بېرىپ قاتناشسام توغرا بۇلامدۇ؟ باشقا دىندىكىلەرنىڭ دەپنە ئىشلىرىغا قاتنىشىشنىڭ ھۆكمى قانداق؟ ئەگەر قاتناشمساق، قانداق ھەل قىلساق ياخشى؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿سەن ئۇلاردىن ئۆلگەن ھېچبىرسىنىڭ نامىزىنى چۈشۈرمىگىن، ئۇنىڭ قەبرىسى ئۈستىدىمۇ تۇرمىغىن﴾(9/«تەۋبە»: 84)، ﴿پەيغەمبەرگە ۋە مۇئمىنلەرگە مۇشرىكلارنىڭ ئەھلى دوزاخ ئىكەنلىكى ئېنىق مەلۇم بولغاندىن كېيىن مۇشرىكلار ئۇلارنىڭ تۇغقىنى بولغان تەقدىردىمۇ ئۇلارغا مەغپىرەت تىلىشى دۇرۇس ئەمەس﴾(9/«تەۋبە»: 113) دېگەن ئايەتلىرىگە ئاساسەن ئاتېئىست، يەھۇدىي، خىرىستىيان، بۇددىست، مۇناپىق، مۇشرىك، مۇرتەد ۋە ئۇنىڭدىن باشقا تۈرلۈك كافىرلارنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈشكە، ئۇلارغا مەغپىرەت تىلەشكە بولمايدۇ.
شۇنداقلا ئۇلارنى يۇيۇپ – تاراش، كېپەنلەش، دەپنە مۇراسىمىغا، چېركاۋ ۋە شۇنىڭدەك ئىبادەتخانىلىرىدىكى يىغىلىشىغا قاتنىشىش، جىنازىسىغا ئەگىشىپ مېڭىش ۋە قەبرىسى ئۈستىدە تۇرۇشمۇ چەكلىنىدۇ. پەقەتلا ئۇلارغا رەھمەت ۋە مەغپىرەت تىلىمىگەن ئاساستا تۇغقانلىرىغا شۇ يۇرتنىڭ ئادەتتىكى «سەۋر قىلىڭ» دېگەندەك سۆزلىرى بىلەن تەزىيە بىلدۈرۈپ قويسا بولىدۇ.
ئىمام مالىك: «مۇسۇلمان كىشى كافىر ئۆلگەن ئاتىسىنىمۇ يۇيۇپ – تارىمايدۇ، جىنازىسىغا ئەگەشمەيدۇ، قەبرىسىگە كىرگۈزمەيدۇ، پەقەتلا دەپنە قىلىدىغان ئادەم يوق بولغانلىقتىن ئەنسىرىسىلا ئۇنى كۆمۈپ قويىدۇ» دېگەن.(«ئەلمۇدەۋۋەنەتۇل كۇبرا»، 1/261)
شۇڭا، تەزىيە بىلدۈرۈپ قويۇش بىلەن كۇپايىلىنىپ، باشقا ئىشلارغا قاتنىشالمايدىغانلىقىنىڭ دىنىي سەۋەبىنى ئېنىق دەپ، ئەپسىز بولسا، باشقا سەۋەب كۆرسىتىپ ئۆزرە ئېيتسىمۇ بولىدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم.
112 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قورساقتا ئۆلۈپ قالغان ئۈچ ئايلىق ھامىلە قىيامەت كۈنى ئانىسىغا شاپائەت قىلامدۇ؟ ياكى بۇ ھامىلىنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى نېمە؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «بىر بەندىنىڭ بالىسى ئۆلسە، ئاللاھ پەرىشتىلەرگە:
—بەندەمنىڭ بالىسىنى قەبزى روھ قىلدىڭلارمۇ؟ ـ دەيدۇ، پەرىشتىلەر:
— شۇنداق، ـ دېيىشىدۇ. ئاللاھ يەنە:
— بەندەمنىڭ يۈرەك پارىسىنى قەبزى روھ قىلدىڭلارمۇ؟ ـ دەيدۇ، پەرىشتىلەر:
— شۇنداق، ـ دېيىشىدۇ. ئاللاھ:
— بەندەم نېمە دېدى؟ ـ دەپ سورايدۇ، پەرىشتىلەر:
— ساڭا ھەمد ئېيتتى ۋە: ‹شۈبھىسىزكى، بىز ئاللاھنىڭ ئىلكىدىمىز، يەنە ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز› دېگەن دۇئانى ئوقۇدى، — دەيدۇ. ئاللاھ:
— ئۇنداق بولسا، ئۇ بەندەمگە جەننەتتە بىر ئۆي سېلىڭلار ۋە ئۇنى ‹ھەمد ئۆيى› دەپ ئاتاڭلار، — دەيدۇ».(تىرمىزىي 1021).
كۆپلىگەن ئالىملار: تۆرەلمە 120 كۈندە ئۈچ باسقۇچنى بېسىپ ئۆتىدۇ. ھەربىر باسقۇچ قىرىق كۈن بولىدۇ. سۈرىتى مۇكەممەل ھالەتكە كەلگەندە، ئاندىن ئۇنىڭغا روھ پۈۋلىنىدۇ. دېمەك روھ تۆت ئايدىن كېيىن پۈۋلىنىدۇ، دەپ چۈشەنگەن. يەنە بىرقىسىم ئالىملار: قىرىق كۈندىن كېيىن بولىدۇ، دەپ قارىغان. «فەتھۇلبارىي»، 11/483. لېكىن، سەھىھ ھەدىسلەردە قىرىق ئىككى كۈندىن كېيىنلىكى ئېنىق. ئەمما، 120 كۈندىمۇ ياكى قىرىق ئىككى كۈن بىلەن 120 كۈن ئارىلىقىدىمۇ كېسىپ ئېيتىش ئېنىق دەلىلگە مۇھتاج.
بۇنىڭغا ئاساسەن ئاتا – ئانىسىغا تۆت ئايلىق بولغاندىن كېيىن چۈشۈپ كەتكەن بالا شاپائەت قىلالايدۇ. يەنە بىر قىسىم ئالىملارنىڭ قارىشىدا قىرىق ئىككى كۈندىن كېيىن چۈشۈپ كەتكەن بالىمۇ شاپائەت قىلالايدۇ.
قانداقلا بولمىسۇن، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «جېنىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، ئانىسى ئاللاھتىن ئەجىر تىلەپ سەۋر قىلسا، چۈشۈپ كەتكەن بالا ئانىسىنى ھەمرىيى بىلەن جەننەتكە تارتىدۇ» دېگەن(ئەھمەد 22143) بولغاچقا، قىرىق ئىككى كۈندىن كېيىن ئادەمزات شەكلىگە كىرىپ چۈشۈپ كەتكەن بالىمۇ شاپائەت قىلالايدۇ دېگىلىمۇ بولىدۇ. ئىمام نەۋەۋىيمۇ: «بىر بالىنىڭ ئۆلۈمى دوزاخقا دالدا بولىدۇ. ئادەمزات شەكلىگە كىرىپ چۈشۈپ كەتكەن تۆرەلمىمۇ شۇنداق» دېگەن. («ئەلمەجمۇﺋ»، 5/324).
شۇنداقلا ھەرقانداق مۇسىبەت سەۋرچان بولغان تەقدىردە، ئاتا – ئانا ئۈچۈن كەففارەت بولىدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېگەنكى: «مۇسۇلمانغا يەتكەن ھارغىنلىق ياكى كېسەللىك، ياكى ئەندىشە، ياكى قايغۇرۇش، ياكى ئەزىيەت ۋە ياكى غەم – غۇسسەلەر ئۈچۈن، ھەتتا بەدىنىگە كىرىپ كەتگەن بىر تىكەن ئۈچۈنمۇ، ئاللاھ ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى يۇيۇۋېتىدۇ» (سەھىھەين).
ئاللاھ تائالا: ﴿ئۆزلىرىگە بىرەر مۇسىبەت يەتكەن چاغدا: ‹بىز ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز، بىز چوقۇم ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز› دەيدىغانلار، ئەنە شۇلارغا پەرۋەردىگارىدىن مەدھىيەلەر بىلەن رەھمەت باردۇر، ئاشۇلارلا ھىدايەت تاپقۇچىلاردۇر﴾)2/«بەقەرە»: 156 -، 157 (دېگەن. يەنە ﴿پەقەت سەۋر قىلغۇچىلارغا ئۇلارنىڭ ئەجرى ھېسابسىز بېرىلىدۇ﴾(39/«زۇمەر»: 10) دېگەن. شۇڭا سەۋرچانلىق بىلەن ئاللاھتىن ئەجىر ئۈمىد قىلىش كېرەك.
يۇقىرىقى ئەجىرلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ئاللاھتىن ئەجىر كۈتكەن ھالدا بالىلىرىدىن بىئىختىيار ئايرىلىپ قالغان مۇئمىنلەرگە ۋەدە قىلىنغان بولۇپ، ئۇنداق ئەمەسلەر ياكى بالىلىرىنى قەستەن چۈشۈرۈپ جىنايەت ئىشلىگەنلەر بۇنىڭدىن قۇرۇق قېلىشى تۇرغانلا گەپ. ۋەللاھۇ ئەئلەم.
113 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئايال كىشىنىڭ ئېرىگە ھەر جەھەتتىن ئىتائەت قىلىشى پەرزمۇ؟ ھەتتا ئايال كىشىنىڭ ئورۇق – تۇغقانلىرىدىنمۇ باردى – كەلدى، سىلە – رەھىمنى ئۈزۈشنى تەلەپ قىلىسا، بۇ ھەقتىمۇ ئىتائەت قىلىش كېرەكمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. گۇناھ ئىشقا بۇيرۇمىغانلا بولسا، ئايال كىشى ئېرىگە ئىتائەت قىلىشقا بۇيرۇلغان. ئەمما، گۇناھ بولىدىغان ئىشقا بۇيرۇسا، ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ. پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «گۇناھ ئىشتا ئىتائەت قىلىش يوق، ئىتائەت قىلىش دېگەن توغرا ئىشلاردا بولىدۇ» (بۇخارىي 7256)، «ئاللاھقا ئاسيلىق قىلىشتا مەخلۇققا ئىتائەت قىلىش يوق» (بۇخارىي 7257) دېگەن كۆرسەتمىلىرىگە ئاساسەن، سىلە – رەھىمنى ئۈزۈشكە بۇيرۇغان ئەرگە بۇ ئىشتا ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى، سىلە – رەھىم قىلىش ۋاجىب ئەمەللەر قاتارىدىن بولۇپ، ئۇنى ئۈزۈش لەنەت كەلتۈرىدىغان چوڭ گۇناھلار قاتارىدىندۇر. ئاللاھ تائالا ئېيتقانكى: ﴿سىلەر (ئىسلامدىن) يۈز ئۆرۈسەڭلار زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلارسىلەرمۇ ۋە سىلە ـ رەھىمنى ئۈزۈپ قويارسىلەرمۇ؟ ئەنە شۇنداق كىشىلەرنى ئاللاھ رەھمىتىدىن يىراق قىلدى، ئۇلارنى (ھەقنى ئاڭلاشتىن) گاس قىلدى، (ھىدايەت يولىنى كۆرۈشتىن) كور قىلدى. ئۇلار (ھەقنى تونۇش ئۈچۈن) قۇرئاننى پىكىر قىلمامدۇ؟ بەلكى ئۇلارنىڭ دىللىرىدا قۇلۇپ بار﴾(47/«مۇھەممەد»: 22 – 24). پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ: «سىلە ـ رەھىمنى ئۈزگۈچى جەننەتكە كىرمەيدۇ» دېگەن (بۇخارىي 5984).
لېكىن، باردى – كەلدى بەكلا ئاۋۇپ، ئۆيدىكى مەجبۇرىيەتلەر تاشلىنىپ قالىدىغان ياكى ئائىلىگە بىئارامچىلىق ۋە باش ئاغرىقى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئالاھىدە ئەھۋاللاردا ئەر ئايالىنى تۇغقانلىرى بىلەن باردى – كەلدى قىلىشتىن چەكلىيەلەيدۇ. بۇنىڭدا ئۆرپ – ئادەتنىمۇ ۋە ئەمەلىي ئەھۋالنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق لازىم. ۋەللاھۇ ئەئلەم.
114 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز، سالامەت تۇرۇپلىمۇ؟ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم راستىنلا مال دۇنياغا دۈم چۈشكەن كىشىنى قارغاپ: «بېشىنى يېگەي» دېگەنمۇ؟ چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىلا، ئاللاھ رازى بولسۇن.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. شۇنداق، سەھىھ ھەدىستە: ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئۇ زاتنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى خەۋەر بەرگەن: «تىللانىڭ قۇلى، تەڭگەنىڭ قۇلى ۋە تاۋار – دۇردۇننىڭ قۇلى دۈم چۈشۈپ بېشىنى يېگەي! ئۇنىڭغا بېرىلسە رازى بولىدۇ، بېرىلمىسە نارازى بولىدۇ. ئۇلار دۈم چۈشۈپ بېشىنى يېگەي! كېسىلى قايتا قوزغالغاي! تىكەن سانجىلىپ كەتسە چىقىرىۋېتىدىغان بىرەرسىنى تاپالمىغاي!…»(بۇخارىي 2887) سەۋەبى شۇكى، ئۆزىنىڭ ھاۋايى – ھەۋىسى ۋە شەھۋىتىنى ئىلاھ قىلىۋالغان كىشى ئىنسانلارنىڭ ئەڭ بەدبەختىدۇر. چۈنكى، ئۇنىڭ پۈتۈن ئىشى ھاۋايى – ھەۋىسىنى ۋە شەھۋىتىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن بولىدۇ. دېمەك، ئۇ ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىشتىن ئىبارەت ئۇنىڭ ئۈچۈن يارىتىلغان ۋەزىپىسى ۋە رولىنى ئۇنتۇپ ۋە تاشلاپ قويۇپ، ھاۋايى ھەۋىسىنى ۋە شەھۋىتىنى ئاللاھ رازى بولمايدىغان تەرىقىدە قاندۇرماقچى بولغان. ئۇ پۈتۈن ئىشىنى دۇنيانىڭ مال – ماتالىرىغا قارىتىپ، باقىي ئالەمنى نەزەردىن ساقىت قىلغان. ئاللاھ ئۇنىڭغا بەرسە، رىزىقىدىن رازى بولغان، بەرمىسە ئۇنىڭغا پۈتۈلگىنىدىن نارازى بولۇپ قاقشىغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇ مۇشۇ نەرسىلەرنىڭ قۇلى بولغان ۋە «بېشىنى يېگەي» دەپ قاغاشقا ھەقلىق بولغان. نەتىجىدە ئۇ كىشى دۇنياغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئاخىرىتىنى زايە قىلغان. ھالبۇكى، ئىنسانلارنىڭ ئەڭ بەختلىكى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ ياشىغان كىشىدۇر. مانا بۇ ھەدىستە نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەربىر مۇئمىننى ھاۋايى – ھەۋىسىگە ۋە شەھۋىتىگە قۇل بولۇپ قېلىشتىن ئاگاھلاندۇرۇپ، ئاللاھ ئۈچۈن، ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىش ئۈچۈن ياشاشقا تەرغىب قىلغان. ۋەللاھۇ ئەئلەم.
115 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. بۇ يىل تۈركىيەنىڭ ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى داڭلىق بىر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تىپ (دوختۇرلۇق) فاكۇلتېتىنىڭ ئاسپىرانتلىق پروگراممىسىغا قوبۇل قىلىنغان ئىدىم. بىراق ئىقتىسادى ئەھۋالىم يار بەرمەيۋاتقانلىقى، تۈركىيەدىكى مال باھاسىنىڭ توختىماي ئۆسۈپ كېتىشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى ئوقۇشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئىشلەپ تاپقان پۇلۇم تۇرمۇشۇمنى قامداشقا يەتمەيدىغاندەك قىلىدۇ. شۇڭا، دۆلەتنىڭ مائارىپ كرېدىسىگە ئىلتىماس قىلىپ بېقىش خىيالى كاللامغا كىرىۋالدى. بۇ كرېدىدە ئاز بولسىمۇ ئۆسۈم بارلىقىنى بىلىمەن. شۇڭا، قانداق قىلىش ھەققىدە بەك دېلىغۇللۇقتا قالدىم. سوئالىمغا كەلسەك، تۈركىيە ھۆكۈمىتى تەسىس قىلغان مائارىپ كرېدىسى (كا يې كا كرېدىسى) نى ئېلىش جائىزمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. مائارىپ كرېدىسى (كا يې كا كرېدىسى KYK Öğrenim Kredisi) دۆلەت تەرىپىدىن ئالى مەكتەب ئوقۇغۇچىلىرىغا ئوقۇش مۇددىتى جەريانىدا ئايمۇئاي ئۆتنە بېرىلىپ، ئوقۇش پۈتكەندىن كېيىن بىرقانچە يىل ئىچىدە قايتۇرۇپ ئېلىنىدىغان، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇۋېلىشى كۆزلەنگەن ياردەم قەرزىدۇر. قايتۇرۇشتا پۇل پاخاللىقى ياكى مەلۇم تاۋار باھاسى ياكى تۈفە نىسبىتى بويىچە ئارتۇق قايتۇرىدىغان بولغاچقا، كۆپچىلىكنىڭ قارىشىدا بۇ جازانىگە كىرىدۇ. بىر قىسىم ئالىملار جازانە ھېسابلىمايدۇ. شۇڭا تۈركىيەدىكى ئۆلىمالارمۇ ئىككى خىل قاراشتا بولۇپ قالغان. لېكىن، كېيىنكى جائىز دېگەن قاراش بويىچە ئېيتقاندىمۇ، بۇ قەرزنى بەلگىلەنگەن يىل ۋە ئايلاردا قايتۇرالمىغان تەقدىردە، كېچىكمە جازاسىدىن ئىبارەت ئۆسۈم تۆلەش مۇقەررەر. شۇڭلاشقا، ئېقتىساد ئىگىلىرى ۋە تونۇشلاردىن ئالتۇن ياكى دوللار قەرز ئېلىپ ياكى ۋەقفلەردىن ياردەم ئېلىپ ئوقۇۋېلىش ئەڭ توغرىسىدۇر. ئىقتىساد ئىگىلىرىنىڭمۇ قەرز ياكى ياردەم بېرىشى زۆرۈر. ۋەللاھۇ ئەئلەم.
116 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ياخشىمۇ؟ سوئالىم، پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ «پېقىرلىقتىن ئاللاھقا پاناھلىق تىلەيمەن» دەپ دۇئا قىلغانلىقى راستمۇ؟ ئەگەر راست بولسا، نېمىشقا پەيغەمبىرىمىز قىيىن بىر ھايات ياشىغان؟ كۈنىمىزدە تونۇلغان ئالىملارنىڭ يېڭى ماشىنىلارنى مىنىپ، ئازادە ئۆيلەردە ئولتۇرۇپ، باياشات ياشىشى خەلق تەرەپتىن بەك ياقتۇرۇلمايدۇ. ئالىملارنىڭ باياشات ياشىشى توغرىمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق. ئاللاھقا شۈكۈر. توغرا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئى ئاللاھ! ھورۇنلۇقتىن، بەك قېرىپ كېتىشتىن، قەرزدارلىقتىن، گۇناھتىن، دوزاخ ئازابىدىن، دوزاخ ۋە قەبرىنىڭ فىتنەسىدىن، قەبرە ئازابىدىن، بايلىق ياكى كەمبەغەللىك فىتنەسىنىڭ يامانلىقىدىن، دەججال فىتنەسىنىڭ يامانلىقىدىن ساڭا سىغىنىمەن»(بۇخارىي 6375) دەپ دۇئا قىلغىنىدەك، ھەر نامازدىن كېيىن: «ئى ئاللاھ! مەن ساڭا كۇفۇردىن، پېقىرلىقتىن ۋە قەبرە ئازابىدىن ساڭا سىغىنىمەن» دەپ دۇئا قىلاتتى.(نەسائىي 1347) يەنە: «ئى ئاللاھ! مەن سەندىن ھىدايەت، تەقۋالىق، ئىپپەت ۋە بايلىق (بىھاجەتلىك) تىلەيمەن» دەپ دۇئا قىلاتتى.(مۇسلىم 1347)
ئاللاھنىڭ رەسۇلى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نامرات، پېقىر ئەمەس ئىدى. ئۇ زات قۇرەيشنىڭ ئەڭ نوپوزلۇق، باي ۋە ئېسىل ئائىلىلىرىنىڭ ئوغلى بولۇپ، ئاتىسىدىن يېتىم قالغاچقا، پەيغەمبەرلىكتىن بۇرۇن پېقىرلىققا دۇچار بولغان بولسىمۇ، ئاللاھ تائالا قۇرئان (93/«زۇھا»: 8) دا ئېيتقىنىدەك، (ئۇ زاتنى خەدىجە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مال – مۈلكىدە شېرىكلىشىپ) تىجارەت قىلىش بىلەن كىشىلەردىن بىھاجەت قىلغان. ئۇ زات ئاتا – ئانىسىدىن مال – دۇنيا، قورۇ – جاي مىراس ئالغان. خەدىجە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىنمۇ مال – دۇنيا، قورۇ – جاي مىراس ئالغان. ھىجرەت قىلغاندىن كېيىن ھۈنىرى جىھاد ۋە غازات بولغان. كافىرلاردىن ئالغان ئولجا – غەنىيمەتلىرى بىلەن باي ياشايتتى. غەنىيمەتلەرنىڭ بەشتىن بىرىنى، ئۇرۇشسىز ئېلىنغان ئولجىلارنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھنىڭ رەسۇلى خاھلىغىنىچە تەسەررۇپ قىلاتتى. گاھىدا قول ئىلكىدىكى جىمى مال – دۇنيانى موھتاجلارغا، جىھادقا ۋە ئاللاھ يولىغا سەرپ قىلىۋېتىپ، قورسىقى ئاچ قالىدىغان، قەرز ئالىدىغان ئەھۋاللاردىن خالىي بولمىغان بولسىمۇ، ئۇزۇنغا بارمايلا ئاللاھ ئۇ زاتقا يەنە كەڭ رىزق بېرەتتى. توققۇز ئايالىغا تويلۇق، تۇرالغۇ ۋە نەپىقە قاتارلىق خىراجەتلىرىنى قىلالايتتى. ئاياللىرى، بالىلىرى ۋە خىزمەتچىلىرىنىڭ بىر يىللىق ئوزۇقىنى تەييارلاپمۇ قوياتتى. مىشكى – ئەنبەر كەبى ئىنتايىن قىممەتلىك ئەتىرلەرنى ئىشلىتەتتى، «دۇلدۇل»، «قەسۋا» دەپ ئاتالغان ئېسىل ئات – ئۇلاغلىرى بار ئىدى. بۇ شۇ دەۋرنىڭ ئەڭ ئېسىل ماشىنىلىرىدەك ئىدى. ئىنتايىن سېخىي زات ئىدى. 100 دىن ئاشقان غېرىب – غۇرابا ئەھلىسۇففەگە خەجلەيتتى. نۇرغۇن قۇللارنى ئازاد قىلىۋەتكەن ئىدى.
باشقا پەيغەمبەرلەردىنمۇ ۋە ئەسھاب كىراملەردىنمۇ پېقىرلىرىمۇ بولغىنىدەك، ئىبراھىم، داۋۇد، سۇلايمان ئەلەيھىسسالاملاردەك باي زاتلار ئۆتكەن. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام مېھمانلىرىغا موزاي كاۋاپ قىلىپ ئەكەلگەن. ئەسھاب كىراملەردىن ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف، ئەبۇبەكرى، ئوسمان ئىبنى ئەففان كەبى ئىنتايىن باي زاتلارمۇ بولغان. ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئەۋزەللىرى بولمىش ئاشۇ زاتلار ى بىزگە ئۈلگەدۇر.
پېقىرلىقنىڭ كۇفۇر، خىيانەت… كەبى تۈرلۈك ئېغىر بالايى – مۇسىبەتلەرنى سۆرەپ كېلىدىغانلىقى ئېنىق. ئۆلىمالارمۇ ھالال، پاك تاپقان مۈلكىنىڭ زاكىتىنى ئادا قىلىپ، باياشات ياشىسا ئەلبەتتە بولىدۇ. بىھاجەت بولغاندىلا تەمەدىن، باشقىلارنىڭ قولىغا قاراپ، دىننى بۇرمىلاپ بېرىشتىن، ۋەتەن – مىللەتنى سېتىشتىن مەلۇم دەرىجىدە ساقلىنىپ قالىدۇ. باشقا سەۋەب بولمىسا ئۇلارنىڭ باياشات ياشىشىنى ئەيىبلەش توغرا ئەمەس.
ھەتتا تەركىدۇنيالىق بىلەن تونۇلغان تەسەۋۋۇف ئەھلىمۇ بۇ نوقتىغا ئالاھىدە ئېتىبار بەرگەن. ئەبۇلھەسەن شازلىي ھەزرەتلىرىنىڭ ئېسىل تون كىيىپ يۈرگەنلىكىنى كۆرگەن بىر مۇرىدى ئۇنىڭدىن:
– تەقسىر! ئۆزلىرى مۇشۇ ئېسىل توندا ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلامدىلا؟ – دەپ سورىغاندا، پىر ئۇستازى ئۇنىڭغا:
– ئەي نادان! سەن بۇ جۇلجۇل يەكتىكىڭ بىلەن مەخلۇقلارغا مۇھتاجلىقىڭنى ئىزھار قىلىسەن، مەن بۇ ئېسىل تونۇم بىلەن مەخلۇققا ئېھتىياجىم يوقلۇقىنى ئىزھار قىلىمەن، – دەپ جاۋاب بەر گەن ئىكەن.
دىنىمىز «باي بولماي پېقىر ياشا» دەپ تەشەببۇس قىلمايدۇ. بەلكى «پۈتۈن ئەس – يادىڭ دۇنيادا بولۇپ، دۇنياغا بېرىلىپ كەتمە، كىبىرلەنمە، دۇنيادىن نېسىۋەڭنىمۇ ئۇنۇتما» دەيدۇ. ئاللاھ تائالا: ﴿ئاللاھ ساڭا بەرگەن بايلىق بىلەن ئاخىرەت يۇرتىنى تىلىگىن، دۇنيادىكى نېسىۋەڭنىمۇ ئۇنتۇمىغىن، ئاللاھ ساڭا ياخشىلىق قىلغاندەك، سەن (ئاللاھ نىڭ بەندىلىرىگىمۇ) ياخشىلىق قىلغىن، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىقنى تىلىمىگىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ﴾(28/«قەسەس»: 77) دېگەن.
117 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! تۇركىيەدە 18 ياشتىن كىچىك كىملىك ئالغانلارغا 6 ئاي ئەسكەرلىك مەجبۇرىي ئىكەن، بەدەللىك قىلىش ئۇچۇن 250 مىڭ تېلىدەك پۇل كېتىدىكەن، قۇربى يەتمەيدىغانلار زاكات پۇل ئېلىپ بەدەللىك ئەسكەرلىك قىلسا بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم» (9/«تەۋبە»: 60) دە زاكات سەرپ قىلىنىدىغان سەككىز تۈرنىڭ بىرىنى «ئاللاھنىڭ يولى» دەپ كۆرسەتكەن بولۇپ، زاكاتنى ئاللاھنىڭ يولى بولمىش جىهاد ۋە جىھاد تەييارلىقىدىن ئىبارەت ئەسكەرلىك تەربىيەسى ئېلىشقا ئىشلىتىشنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭدىن باش تارتىش ۋە ئەسكەرلىك تەلىم ئالماسلىققا سەرپ قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى، بۇنداق قىلغاندا زاكات جايىغا ئەمەس، دەل تەتۈرىگە سەرپ قىلىنغان بولىدۇ. شۇڭا، قۇربى يەتمەيدىغانلار پۇل تۆلىمەي تولۇق ئەسكەرلىك تەربىيەسى ئېلىشى كېرەك. قۇربى يېتىدىغانلار بەدەللىك قىلسا جائىز. ۋەللاھۇ ئەئلەم.
118 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! تەھەججۇد نامازدىن كېيىن بامدات ۋاقتى كىرىپ قالغان ئىدى. يەل قىستىغان بولسىمۇ چىقمىغاندىكىن دەپ بامداتنى ئوقۇۋەردىم. لېكىن كۆڭلۈم يېرىم، قايتا ئوقۇشنى ئويلاۋاتىمەن، تاھارەت قىستاغلىق ئوقۇغان نامىزىمنىڭ ھۆكمى نېمە؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «(يېگۈسى بار) تاماق تەييار بولغاندا ۋە چوڭ – كىچىك تەرەت قىستىغاندا، ناماز ئوقۇش يوق» دېگەن (مۇسلىم: 560) بولغاچقا، چوڭ – كىچىك تەرەت ۋە يەل قىستىغان ئەھۋالدا چىداپ تۇرۇپ ناماز ئوقۇش ۋە تاماملاش كۆپچىلىك فۇقاھائنىڭ نەزەرىدە مەكرۇھتۇر. چۈنكى، بۇ خۇشۇئغا ۋە دىققتىتىگە مەلۇم دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزىدۇ. قىستىمىغان ھالەتتە باشلاپ نامازدا قىستاپ كەتسىمۇ ھەنەفىي مەزھەبتە ئوخشاش. شۇڭا، جامائەت قولدىن كېتىدىغان بولسىمۇ ئالدى بىلەن ھاجەت قىلىۋېلىپ، تاھارەت يېڭىلاپ، ياكى تاماق يەۋېلىپ ئاندىن ئوقۇيدۇ. چۈنكى، مەكرۇھ ئىشنى قىلغاندىن (نامازنى جامائەت بىلەن ئوقۇشتىن ئىبارەت) سۈننەتنى تەرك قىلماق ئەلا. نامازدا توساتتىن قىستىسا نامازنى توختىتىپ، ھاجەت قىلىۋېلىپ، تاھارەت يېڭىلاپ ئاندىن ئوقۇيدۇ. قىستىسىمۇ چىداپ ئوقۇسا ناماز ئادا بولىدۇ – يۇ گۇناھكار بولىدۇ. ھاجەت قىلىۋېلىپ، تاھارەت يېڭىلىغۇچە ناماز ۋاقتى چىقىپ كېتىدىغان بولسا قىستاش يەڭگىل بولسا نامازنى ئوقۇۋېرىش مەكرۇھ بولمايدۇ. بەكلا قىستاپ، نامازنىڭ رۇكۇ – سەجدەلىرىنى جايىدا ئادا قىلالمايدىغان بىئارامچىلىق بولسا ناماز بۇزۇلىدۇ. بۇ ئەھۋالدا ئۆزرىلىك بولغاچقا، ناماز ۋاقتى چىقىپ كېتىدىغان بولسىمۇ تاھارەت يېڭىلاپ ئاندىن ئوقۇش كېرەك. ۋەللاھۇ ئەئلەم.
119 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! مېنىڭ 100 مىڭ دوللارغا ئېھتىياجىم بار. قولۇمدا بارى روسىيە رۇبلىسى. بۈگۈن ئۇنىڭغا دوللار سېتىۋالاي دېسەم، مۇشۇ بىرنەچچە كۈن ئىچىدە رۇبلىنىڭ قىممىتى بەكلا چۈشۈپ كېتىۋاتقاچقا، سەرراپلار رۇبلىغا دوللار ساتقىلى ئۇنىماي: «ماڭا 200 مىڭ دوللار قىممىتىدە رۇبلى رەنە قوي، مەن ساڭا 100 مىڭ دوللار بېرەي، ئىشلىتىۋال، دوللارنى قايتۇرىدىغان ۋاقتىڭدا 100 مىڭ دوللىرىمنى بېرىپ، رەنە رۇبلىلىرىڭنى ئېلىپ كەتسەڭ بولىدۇ، دوللىرىمنى بېرەلمىسەڭ، 100 مىڭ دوللىرىمغا شۇ كۈندىكى باھاسىدا رۇبلى ئېلىپ قېلىپ، قالغان رۇبلىلىرىڭنى قايتۇرۇپ بېرىمەن» دەۋاتىدۇ. بۇنداق شەرت توغرا بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئەسلىدە پۇلنى رەنە قويۇش جائىز. لېكىن، بۇ خىل مۇئامىلىدە رەنە قويۇلغان رۇبلىنى سەرراپ ئىشلەتمەي ساقلاپ قويۇشى شەرت. مۇبادا سەرراپ رەنە قويۇلغان رۇبلىنى ئىشلەتسە، بۇ مۇئامىلە جازانىگە ئايلىنىدۇ. چۈنكى، بۇ دوللار قەرز بەدىلىگە رۇبلىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇشتىن ئىبارەت. ئىمام ئىبنى قۇدامە: «رەنە قويغۇچى رەنە ئالغۇچىغا رەنىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇشقا ئىجازەت بەرگەن تەقدىردە، رەنە قەرز سەۋەبلىك قويۇلغان بولسا، جائىز بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ مەنپەئەت ئېلىپ كەلگەن قەرزگە ئايلىنىدۇ، بۇ ھارامدۇر» دېگەن. يەنە: «قەرز بېرىپ تۇرۇش ئۈچۈن قەرز ئالغۇچىنىڭ قەرز بېرىپ تۇرۇشىنى شەرت قىلسا، جائىز بولمايدۇ» دېگەن (ئەلمۇغنىي 9/105، 243).
دېمەك، يۇقىرىقى مۇئامىلە ئېنىق جازانە. چۈنكى، بۇ قەرز بېرىپ تۇرۇپ، رەنە پۇلدىن پايدىلىنىش، باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، قەرز بېرىپ تۇرۇش بەدىلىگە قەرز بېرىپ تۇرۇشنى شەرت قىلىشتۇر. ئۈستىلەپ ئۆزىدىن كېلەچەكتە دوللار سېتىۋېلىشنى شەرت قىلىپ قەرز بېرىش ۋە 100 مىڭ دوللارنىڭ پۇلىنى كېيىن بېرىشتىنمۇ ئىبارەتتۇر. ھەممىسى جازانەدۇر.
سەرراپ بۇنداق شەرت قىلمىغان تەقدىردىمۇ، «كېلەركى كۈنلەردە دوللارنىڭ باھاسى چۈشۈپ ئەرزانراق سېتىۋالالارمەنمىكىن» دېگەن ئۈمىدتە سەرراپتىن 100 مىڭ دوللار قەرز ئېلىپ، ئۇنىڭغا رۇبلىنى رەنە قويۇشمۇ ئوخشاشلا جازانەدۇر. ۋەللاھۇ ئەئلەم.
120 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بىر بۇرادىرىم تۈركىيەدىكى مەلۇم ئورۇندىن مال سېتىۋېلىپ، توردا ساتىدۇ. مالنى ساتقۇچى ئورۇن ئوخشىمىغان تۈردىكى قايتۇرۇۋېتىلگەن ماللارنى مەلۇم ھەجىمدىكى يەشىكلەرگە قاچىلاپ، يەشىككە 500 دىن 700 گىچە ياكى 1200 غىچە نەرسە قاچىلانغانلىقىنى ۋە ئىچىدە قايسى تۈردىكى ماللارنىڭ بارلىقىنى يېزىپ قويىدىكەن، مەسىلەن: «بۇ يەشىكتە كىيىم – كېچەك بار ياكى ئېلىكترونلۇق ئۈسكۈنىلەر بار، ياكى ئاياغ، سومكا بار» دېگەندەك. يەشىك ئىچىدىكى ماللارنىڭ تەخمىنىي ئەھۋالىلا يېزىقلىق، مىقدارى ياكى ئەھۋالى نائېنىق. ئالغۇچى يەشىك ئىچىدىكى ماللارنى كۆرمەيدىكەن. ئەمما 3 كۈن ئىچىدە خاھلىسا قايتۇرۇۋېتەلەيدىكەن. بۇ ھالدا بۇ تىجارەت ئېنىقسىز (بەيئى مەجھۇل) قاتارىغا كىرەمدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئامازون ياكى ئەلى ئېكىسپېرىستەك جايلاردىن تاۋارنىڭ تۈرى، سانى، سۈپىتى ۋە باشقا تەپسىلىي مەلۇماتلىرىنى ئېنىق بىلمەي ياكى تاۋارنى كۆرمەي، يەشىك ۋەزنى ياكى ھەجمى ئاساسىدىلا بۇ تەرىقىدە قىلىنغان سودا ناتوغرىدۇر. سودا پۈتكەن تەقدىردە ئۇنى ياندۇرۇۋېتىش ۋاجىب بولىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ رازىلىقى بۇ سودىنى توغرا قىلىۋېتەلمەيدۇ. چۈنكى، سودىنىڭ توغرا بولۇشى ئۈچۈن تاۋارنىڭ مەلۇماتلىرى ئېنىق بولۇشى شەرت. مەزكۇر سودىدا سان ۋە تۈر نائېنىق، ئازراق ئېنىق بولسىمۇ، سۈپىتى، ئۆلچىمى، قىممىتى ۋە مالنىڭ قايسى ئەيىب سەۋەبىدىن قايتۇرۇۋېتىلگەنلىكىمۇ نائېنىق ۋە مۇجمەل. بۇ ۋەجدىن بۇ سودا قىمارغا، قارىغا دەسسەشكە ۋە تەلەي سىناشقا ئوخشاپ كېتىدۇ. ھەدىس شەرىفتە «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نائېنىق سودىدىن توسقان»(مۇسلىم، (1513). ۋەللاھۇ ئەئلەم.
121 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! نوركا كىيىم كىيىش توغرىمۇ ياكى ھاراممىدۇ؟ كۆپىنچە ئاياللارنىڭمۇ مۇشۇ سوئالغا بەك ئېھتىياجى بار ئىدى. مۇشۇ توغرۇلۇق پەتىۋا بەرگەن بولسىلىرى. ئاللاھ رازى بولسۇن.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئامېرىكا ۋېزۇنۇ ياكى مۇستېلا ۋېزۇنۇ (المنك الأمريكي Neovison vison / American mink) دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتىلىدىغان ئامېرىكا سۇ ئاغمىخانى (ياكى قارا بۇلغۇنى ياكى سۇ سەمۇرى)نىڭ تېرىسىدىن ئىشلىنىدىغان «نوركا» ئاشلانسا پاكىز بولىدۇ. پاكىز بولغانىكەن ئۇنى كىيىشكە، ئۇنىڭ بىلەن ناماز ئوقۇشقا بولىدۇ. بەزى جايلاردىكى نوركا ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدىكى ئامېرىكا سۇ ئاغمىخانىنى بېقىپ يېتىلدۈرۈشتە قىيناش، تىرىك سويۇشتەك ھارام قىلمىشلار نوركىنى ھارام قىلىۋەتمەيدۇ. ئاسىيا، ياۋروپا ۋە غەرب ئەللىرىدىمۇ كالىلارنى (توكتا ياكى باشقا ئۇسلۇبتا) قىيناپ ئۆلتۈرىدىغان ئەھۋاللار بار. بۇنىڭ بىلەن كالا تېرىسىنى ياكى خۇرۇمىنى ھارام دەۋەتكىلى بولمايدۇ. شۇڭا، نوركا كىيىش ھارام دەۋەتمەستىن، ھايۋاننى قىيناشقا قارشى تۇرۇش مۇناسىپ. ئىسراپتىن ۋە تەكەببۇرلۇقتىن ساقلىنىپ، شۇنداقلا سەدىقە بېرىپ تۇرۇپ نوركا كىيسە بولىدۇ. ھەدىس شەرىفتە «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئىسراپ قىلماستىن، ياكى تەكەببۇرلۇق قىلماستىن يەپ – ئىچىڭلار، كىيىڭلار، سەدىقە قىلىڭلار» دېگەن. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «سەندە ئىسراپخورلۇق بىلەن تەكەببۇرلۇقتىن ئىبارەت ئىككى ئىللەت بولۇپ قالمىسىلا، خاھلىغىنىڭنى يەپ، خاھلىغىنىڭنى كىيىۋەرگىن» دېگەن. (بۇخارىي – كىيىم – كېچەكلەر بۆلۈمى). ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب.
122 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئەمەت مەمەتتىن 10 مىڭ دوللار قەرز ئالدى. مەمەت ئەمەتنىڭ قەرزنى قايتۇرالماسلىقىدىن ئەنسىرىگەندە، ئەمەت ئىككى ئاي قەرزنى قايتۇرۇپ بولغۇچە ماشىنىسىنى گۆرۈگە قويدى ۋە بۇ ئارىلىقتا مەمەتنىڭ ئۇ ماشىنىسىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇشىغا رازى بولدى ۋە كېلىشتى. بۇنىڭغا ئاساسەن، مەمەت بۇ مۇددەتتە گۆرۈگە قويۇلغان ئۇ ماشىنىدىن پايدىلانسا جائىز بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. قەرز بېرىپ تۇرغان ئەھۋالدا ئالغان گۆرۈ/ رەنىدىن پايدىلانسا ۋە پايدىلىنىشنى شەرت قىلسا جازانە بولىدۇ. چۈنكى، «مەنپەئەت ئېلىپ كەلگەن ھەرقانداق قەرز جازانىدۇر». بۇنىڭدا ئۆتنە / قەرز مۇئامىلىسى بىلەن باشقا سەۋەبلىك بوينىدا قالغان پۇلنىڭ پەرقى بار. مەسىلەن، 10 مىڭ دوللار قەرز ئېلىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن قويۇلغان رەنىدىن پايدىلىنىش جازانە بولىدۇ. ئەمما، بىر ئۆي سېتىۋېلىپ، ياكى ئۆي ئىجارىگە ئېلىپ، ئۇنىڭدىن 10 مىڭ دوللار گەدىنىدە قالغان بولسا، ئۇنىڭ ئۈچۈن قويۇلغان رەنىدىن پايدىلىنىش جائىز. ئىمام مالىك ۋە شاگىرتى ئىبنۇلقاسىم: «ئېلىم – سېتىمدىن قالغان پۇل ئۈچۈن قويۇلغان رەنىدىن پايدىلىنىش جائىز، قەرز ئۈچۈن قويۇلغان بولسا پايدىلىنىش جائىز بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ مەنپەئەت كەلتۈرگەن قەرزگە ئايلىنىدۇ» دېگەن (ئەلمۇدەۋۋەنە 4/149). ئىمام ئىبنى قۇدامەمۇ: «رەنە قەرز سەۋەبلىك بولسا رەنە قويغۇچى رەنىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇشقا ئىجازەت بەرسىمۇ جائىز بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ مەنپەئەت ئېلىپ كەلگەن قەرزگە ئايلىنىدۇ، بۇ ھارامدۇر. ئەمما، بىرنەرسە سېتىۋېلىپ، ياكى ئۆي ئىجارىگە ئېلىپ ياكى قەرز (ئۆتنە) دىن باشقا سەۋەبلىك بوينىدا پۇل قالغان ئەھۋالدا، پايدىلىنىشقا ئىجازەت بەرسە، پايدىلىنىشى جائىز بولىدۇ» دېگەن (ئەلمۇغنىي 9/243).
123 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! يېقىن ئەتراپتا جۈمە ئوقۇيدىغان مەسجىد يوق ئەھۋال ئاستىدا جۈمە كۈنىدە يامغۇرنىڭ كۆپ يېغىشى سەۋەبىدىن جۈمە نامىزىغا بارالماي ئۆيدە پېشىن ئوقۇشقا بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ھەدىس شەرىفتە يامغۇرنىڭ قاتتىق يېغىپ، يوللارنىڭ پاتقاقلىشىشى مەسجىدتىكى (بەش ۋاقىت ۋە) جۈمە نامىزىغا بارماسلىققا ئۆزرە ھېسابلانغان بولۇپ، بۇ ئەھۋالدا جۈمە نامىزىنىڭ ئورنىغا ئۆيدە پېشىن ئوقۇسا بولىدۇ.
«سەھىھەين»دە كېلىشىچە: «ئىبنى ئۆمەﺭ ﺭﻩﺯىيەللاھۇ ئەنھۇما سوغۇﻕ ھەﻡ بوﺭﺍنلىق بىر كېچىسى ناماﺯغا ئەﺯﺍﻥ ئېيتىپ: ‹دىققەت! ناماﺯنى تۇﺭﺍلغۇﻻﺭﺩﺍ ئوقۇڭلاﺭ› ﺩﻩﭖ، ئاندىن: ‹ﺭﻩسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ﯞﻩسەللەﻡ سوغۇﻕ ھەﻡ يامغۇﺭلۇﻕ بىر كېچە بولۇﭖ قالسا، مۇئەﺯﺯىننى: ”ﺩىققەﺕ! ناماﺯنى تۇﺭﺍلغۇﻻﺭﺩﺍ ئوقۇڭلاﺭ!“ ﺩېيىشكە بۇيرﯗيتتى› ﺩېدﻯ»(بۇخارىي 666؛ مۇسلىم 697(.
يەنە «سەھىھەين»دە كېلىشىچە: «ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباﺱ ﺭﻩﺯىيەللاھۇ ئەنھۇما پاتقاقچىلىق بىر كۈنى بىزگە خۇتبە سۆﺯلەشكە چىقىپ، مۇئەززىن ئەﺯﺍننى ئېيتىپ ‹ھەييە ئەلەسسالات / نامازغا كېلىڭلار› قا كەلگەندﻩ: ‹”ناماﺯ تۇرالغۇلاردا!“ ﺩېگىن› ﺩېۋىدﻯ، ئۇﻻﺭ خۇﺩﺩﻯ (بۇ سۆﺯنى) ياقتۇﺭمىغاندﻩﻙ بىر – بىرىگە قاﺭﺍشتى. شۇنىڭ بىلەﻥ ئىبنى ئابباﺱ ﺭﻩﺯىيەللاھۇ ئەنھۇما ئۇﻻﺭغا: ‹سىلەﺭ بۇنى ياقتۇﺭمىغاندﻩﻙ تۇﺭۇسىلەﺭ، شۈبھىسىزكى، بۇنى مەندىنمۇ ئەﯞﺯﻩلرﻩﻙ زات (پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ﯞﻩسەللەﻡ) قىلغاﻥ. ئەمەلىيەتتە بۇ (جۈمە) ناماﺯ پەﺭﺯﺩﯗﺭ. مەنمۇ سىلەﺭنى جاپاغا سېلىپ قويۇشنى ياقتۇﺭمىدىم› ﺩېدﻯ»(بۇخارىي 668؛ مۇسلىم 699(.
بۇنىڭغا ئاساسەن، يامغۇر سەۋەبلىك كىيىملىرى ھۆل بولۇپ، پاتقاقلاردا مېڭىش، شۇنداقلا قاتتىق سوغۇق / ئىسسىق/ قاراڭغۇلۇق، بوران، جۇدۇن، قار، بىتابلىق ياكى قېرىلىق سەۋەبلىك قىينىلىپ قېلىش ياكى بۇلاڭچى، ياكى زالىم ھاكىم تەرىپىدىن خېيىم – خەتەرگە، تۇتقۇنلۇققا يولۇقۇش، ياكى جۈمە ۋاقتىدا سەپەر قىلىش، ياكى (دوختۇرخانىدا جىددىي قۇتقۇزۇش خادىمىدەك ياكى كېسەل باققۇچىلاردەك، ياكى قاراۋۇللاردەك) ئىشىنى تاشلىيالماسلىقتەك، شۇنداقلا سېسىق پۇراق سەۋەبلىك باشقىلارنى بىئارام قىلىشتەك ئۆزرىلەر تېپىلسا جۈمەگە بارماي پېشىن ئوقۇسا بولىدۇ (ئەددۇررۇل مۇختار، 1/556).
بۇ قىينچىلىققا ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ئالاھىدە ئۆزرىلەرگە قارىتا بېرىلگەن رۇخسەت بولۇپ، قىينىلىپ قالمايدىغانلار جۈمەگە بېرىشى پەرزدۇر. ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب.
124 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئوبدان تۇرۇۋاتاملا؟ ئىسىم فامىلىنىڭ دۆلەتلەردىكى يېزىلىش شەكلى پەرقلىق. بەزىلىرىدە ئىسىم ۋە فامىلە بولىدۇ. بەزىلىرىدە ئىسىم، ئاتىسىنىڭ ئىسمى ۋە فامىلىسى بولىدۇ. يەنە بەزىلىرى تېخىمۇ پەرقلىق. بەزى دۆلەتلەردە ئايالنىڭ فامىلىسى توي قىلغاندىن كېيىن ئۆزگەرمەيدۇ. بەزىلىرىدە ئۆز فامىلىسىنىڭ كەينىگە ئېرىنىڭ فامىلىسى قوشۇپ يازىدۇ. يەنە بەزىلىرىدە بىۋاستە ئەرنىڭ فامىلىسىنى ئىشلىتىدۇ. ﴿ئۇلارنى ئاتىلىرىنىڭ ئىسىملىرى بىلەن چاقىرىڭلار، بۇ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا توغرىدۇر﴾(33/«ئەھزاب»: 5) دېگەن ئايەتكە ئاساسەن بەزىلەر تۈركىيەدىكى فامىلە ئىشلىتىش (ئۆز ئىسمى، فامىلىسى) شەكلىنى ھارام دەيدىكەن. بۇنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟ ئەگەر كېيىن ئۇيغۇرلارمۇ فامىلە قوللانسا، قايسى شەكىلدە فامىلە قوللانسا ياخشى بولىدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق. مەزكۇر ئايەتتە شۇنداقلا سەھىھەين (بۇخارىي 3508؛ مۇسلىم 61) دىكى نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ «قانداق بىر كىشى ئۆز ئاتىسىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۆزىنى ئۆز ئاتىسىدىن غەيرىگە مەنسۇپ قىلىدىكەن، كافىر بولۇپ كېتىدۇ، كىمكى ئۆزىنى نەسەب جەھەتتىن تۇتاشمايدىغان بىر قەۋمگە مەنسۇپ قىلىۋالىدىكەن، ئۇ كىشى ئۆزىگە دوزاختىن ئورۇن تەييارلىسۇن» دېگەن ھەدىسىگە ئاساسەن، بىر كىشى ئۆز ئاتىسى ئەمەسلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۆز ئاتىسىدىن تېنىپ، ئۆزىنى ئاتىسى ئەمەسلىكىنى بىلگەن بىرسىنىڭ ئوغلى دەۋالسا، نېئمەتكە تانغان، كۇفۇر ئەھلىنىڭ ئىشىغا ئوخشاش ئىشنى قىلغان بولىدۇ. بۇ قىلمىشىنى ھالال سانىسا دىندىن چىقىدۇ. بەلكىم بۇ سۆز بۇ قىلمىشنى ئېغىر ئېلىش ۋە كىشىلەرنى بۇنداق قىلمىشتىن توسۇش ئۈچۈن ئېغىرلىتىپ دېيىلگەن بولسا، ئەپۇ قىلىنىشى ياكى تەۋبە بىلەن يۇيۇلۇپ كېتىشىمۇ مۇمكىن. قانداقلا بولمىسۇن بۇ ھارام قىلمىشتۇر. (قاراڭ: ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 16/80). بۇ ھەدىسنىڭ ئاخىرىدىن يەنە كىشىنىڭ ئۆز مىللىتىدىن باشقا مىللەتكە مەنسۇپ قىلىۋېلىشىمۇ دوزاخ ئازابىغا سەۋەب بولىدىغان ئېغىر قىلمىش ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. چۈنكى بۇ نەسەبنى بۇلغىۋېتىش، مىراس ۋە ھەق – ھوقۇق، شۇنداقلا ھارامنى ھالال، ھالالنى ھارام قىلىۋېتىشكە ئېلىپ بارىدىغان مەنسۇبىيەتتىكى ساختىلىق ۋە كاززابلىقتۇر. دېمەك، بۇ ئەھۋالدا چەكلەنگىنى پەقەتلا ئاتىسىنىڭ ئىسمى سورالغاندا ياكى ئاتىسىنىڭ ئىسمىنى يېزىش كېرەك بولغاندا ئورنىغا باشقا بىر ئىسىم يېزىشتۇر.
ئەمما، بەزى دۆلەتلەردىكىدەك، ئىسمى بىلەن ئۆز ئاتىسىنىڭ ياكى ئانىسىنىڭ فامىلىسىنىڭ يېزىلىشى ياكى توي قىلغان قىز – ئايالنىڭ ئۆز فامىلىسىنىڭ كەينىگە ئېرىنىڭ فامىلىسى/ تەگئېتى قوشۇپ يېزىلىشى ياكى ئېرىنىڭ فامىلىسىلا يېزىلىشى ياكى بەزىلىرىدە ئاتىسىنىڭ فامىلىسىنىڭ كەينىگە ئانىسىنىڭ فامىلىسىنىڭ يېزىلىشى ئايەت ۋە ھەدىسلەردە چەكلەنگەن ئۇ دائىرىگە كىرمەيدۇ. چۈنكى، بۇ شۇ جەمەت ياكى ئائىلىگە ئانا ياكى ئاتا تەرەپتىن بىۋاسىتە ياكى ياتلىق بولغانلىقتىن مەنسۇب بولغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ھەرگىزمۇ ئۇ فامىلىنى ئۆزىنىڭ ئاتىسى دەپ دەۋا قىلغان بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۇنداق نىيىتىمۇ يوق، باشقىلار تەرىپىدىن ئۇنداقمۇ چۈشىنىلمەيدۇ. شۇڭلاشقا ئاتىسىنىڭ ئىسمى دەپ ئايرىم سورىلىدۇ ياكى يېزىلىدۇ. يەنە كېلىپ، بۇ شۇ دۆلەتلەردىكى قانۇن – ياساقلارنىڭ مەجبۇرلىشى بولۇپ، گاھىدا ھەركىم فامىلىسىنى خاھلىغانچە ئۆزگەرتىۋالالمايدۇ. ئۆزگەرتىش ئۈچۈن قانۇنىي رەسمىيەتلەر كېتىدۇ. ئاللاھ تائالا يۇقىرىقى ئايەتنىڭ ئاخىرىدا ﴿سىلەر سەۋەنلىكتىن قىلىپ سالغان ئىشلاردا سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، لېكىن قەستەن قىلغان ئىشىڭلاردا (سىلەرگە گۇناھ بولىدۇ)، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر﴾(33/«ئەھزاب»: 5) دېگەن.
ئادەتتە كىشىلەرنى ئەڭ قولاي ئۇسۇلدا تونۇش ئۈچۈن ئائىلىسى ياكى مەشھۇر بولغان ۋە تونۇلغان ئانىسى ياكى بوۋىسىغا ياكى ئۇلارنىڭ لەقەملىرىگە مەنسۇب قىلىپ تونۇتۇش پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە ئەسھابلىرى زامانىدىن تارتىپ بار ئىش. ئەسھاب كىراملەردىن ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ گاھىدا ئابدۇللاھ ئىبنى مالىك ئىبنى بۇھەينە دەپ ئاتىسىنىڭ ئىسمىدىن كېيىن ئانىسىنىڭ ئىسمى قېتىلىپ ئاتالسا، گاھىدا ئابدۇللاھ ئىبنى بۇھەينە دەپ ئانىسىغىلا نىسبەت بېرىلگەن. ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇممۇ مەكتۇم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ ئىبنى ئۇممۇ مەكتۇم دەپ ئانىسىغا، مەنسۇپ قىلىنغان ۋە بۇ ئىش ئەيىبلەنمىگەن. بۇ ئاتىنىڭ ئىسمىنى يوق قىلىۋېتىش ياكى تېنىش مەقسىتىدە بولمىغاندىن كېيىن، تونۇتۇش مەقسىتىدىكى بىر خىل لەقەم ياكى فامىلە / تەگئات ئورنىدا بولىدۇ. شۇڭا، بەزىلەرنىڭ تۈركىيەدىكى فامىلە ئىشلىتىش (ئۆز ئىسمى، فامىلىسى) شەكلىنى ھارام دېيىشى ئورۇنسىز. بۇنىڭ ھۆكمى مۇباھ. ئەگەر ئۇيغۇرلارمۇ فامىلە قوللانسا، مەنسۇبىيەتنى ئىپادىلەيدىغان چىرايلىق ۋە مەزمۇنلۇق فامىلىلەرنى خاھلىغانچە قوللانسا بولىدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب.
125 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئانىلارنىڭ 1 − 12 ياش كىچىك بالىلىرىنى باشقىلارنىڭ تاماق ئېتىپ بېرىپ قاراپ قويۇشىغا تاشلاپ قويۇپ، ئۆمرە ۋە پەرز ھەج قىلىش ئۈچۈن سەپەرگە چىقىشى جائىزمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئايال كىشى بوۋاق ۋە كىچىك بالىلىرىنى قويۇپ سەپەرگە چىقسا بولمايدۇ، چوقۇم بالىلىرىنى بېقىپ ئولتۇرۇشى كېرەك. بولۇپمۇ ئېمىدىغان ياكى ئالاھىدە خەۋەر ئېلىشقا ئېھتىياجى بار كىچىك بالىلار ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق. بۇ ئەھۋالدا بالىلىرى سەل چوڭ بولۇپ قويۇپ كېتىشكە تولۇق خاتىرجەم بولىدىغان چاغقا قەدەر ئۆمرە ۋە پەرز ھەجنى كېچىكتۈرسە بولىدۇ. چۈنكى، ئۆمرەنى دەرھال قىلىشى كېرەك ئەمەس. بالىلارغا قارىشى ۋاجىب. نەفلە ھەجنىمۇ كېچىكتۈرۈشى كېرەك، بالىلىرىنى تاشلاپ كەتكەندىن نەفلەنى تەرك ئېتىشى كېرەك. پەرز ھەجنىمۇ بالىلىرىغا قاراش ئۈچۈن كېچىكتۈرسە بولىدۇ ۋە ئېمىۋاتقان بوۋىقى بولسا، چوقۇم كېچىكتۈرۈشى كېرەك. چۈنكى، بالا ئېمىتىۋاتقان ئانا بوۋىقى زىيانغا ئۇچرايدىغان ئەھۋالدا پەرز روزىنى تۇتماسلىقىغا رۇخسەت قىلىنغان ئىكەن، پەرز ھەجگە دەرھال بارماي كەينىگە تارتىشقا ئەلبەتتە رۇخسەت قىلىنىدۇ. دېمەك، بالىلارغا ئەنسىرىگەن ئەھۋالدا سەپەر قىلماسلىقى ۋاجىب بولىدۇ. بالىلار چوڭ بولۇپ، ئۆزىنىڭ قۇربى يەتكۈچە ئۆمرە ۋە ھەجگە بارمىسا، گۇناھ بولمايدۇ.
«بوۋاق ۋە كىچىك بالىلار ئاتا – ئانىسىز قالسىمۇ تاماقتىن قىينالمىسا، سوغۇقتىن توڭۇپ قالمىسا ئۇلارغا زىيان كەلمەيدۇ» دېيىش توغرا ئەمەس، چۈنكى ئاتا – ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغان ياكى بىر مۇددەت ئايرىلىپ تۇرغان بالىلارنىڭ روھىيىتىگە، پىسخىكىسىغا ئېغىر زىيان يېتىپ بىر ئۆمۈر دەردىنى تارتىشى ئېھتىمالغا يېقىن. پەرۋىشسىز قالغان بالىلار تۇيۇق يوللارغا كىرىپ كېتىشى ياكى باشقىلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىشىمۇ مۇمكىن. «ئۆمرە ۋە ھەجگە بارىمەن» دەپلا بالىلارغا سەل قاراش، زىيان ئۇرۇش بىر خىل ئەخمەقلىق بولۇپلا قالماي، ئاتا – ئانىلىق بۇرچىنى جايىدا ئادا قىلمىغانلىق ۋە «ساۋاب ئالىمىز» دەپ بالىلارنى زايە قىلىۋېتىش سەۋەبلىك گۇناھكار بولۇشتۇر. شۇڭا، ئۇنداق قىلىش دىنىي جەھەتتىنمۇ چەكلىنىدۇ. بۇنىڭغا ئاتا – ئانىلار سەل قارىماسلىق كېرەك. ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب.
126 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئۆيدە ئىسرىق سېلىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئۆي، دۇكان، دەرسخانا ۋە مەسجىدلەردەك جايلاردا ئۇد كەبى خۇشبۇي نەرسىلەر بىلەن ئىسرىق سېلىپ جاينى خۇشبۇيلاش ھەرقانداق ۋاقىتتا گۈزەل ئىشلار قاتارىدىن بولۇپ، بۇ خۇددى بەدەنگە ۋە كىيىم – كېچەككە ئەتىر ئىشلىتىشكە ئوخشايدىغان گۈزەل ئىشتۇر. چۈنكى، پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن ئەسھاب كىراملىرى ئىسرىق سالغاندۇر. ئىسرىقنىڭ غەيرى پۇراقنى يوقىتىشتىن باشقا يەنە ئىنساننىڭ پىسخىكىسىغا ۋە تەن سالامەتلىكىگىمۇ پايدىلىق بولغاچقا، تارىختىن بۇيان تىۋىپلىرىمىز ئۇنىڭ پايدىلىرىنى بايان قىلغان. ئەمما، بەزى ماددىلاردا ئىسرىق سېلىش ئىنتايىن زىيانلىق بولۇشسىمۇ مۇمكىن.
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئىسرىق سالسا، كافۇردىن باشقا ھېچ نەرسە ئارىلاشتۇرۇلمىغان ئۇد ھىندى بىلەن ئىسرىق سالاتتى ۋە: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇشۇنداق قىلاتتى» دەيتتى(مۇسلىم: 2254).
سەھىھەيندىكى بىر ھەدىستە «جەننەتكە كىرىدىغان تۇنجى جامائەتنىڭ ئىسرىقدانلىرىدىكى يېقىلغۇلىرى ئۇد ھىندى» دېيىلگەن(بۇخارىي: 3245؛ مۇسلىم: 2834).
مەزكۇر ھەدىسلەر ئىسرىق سېلىشنىڭ مۇستەھەبلىكىنى كۆرسىتىش بىلەن بىرگە، ئىسرىق ئەتىرگە ئوخشايدىغان بولغاچقا، ئىددەت تۇتۇۋاتقان ئايال، شۇنداقلا سىرتقا چىقماقچى بولغان ئايالنىڭ ئىسرىق سېلىش چەكلەنگەن. شۇڭا، ئاياللار سىرتقا چىقمايدىغان ۋە ئىددەت مەزگىلى بولمىغان چاغلاردا ئىسرىق سالسا بولىدۇ. ھەدىستە: «قانداق بىر ئايال ئىسرىق بۇيىنى ئالغان بولسا، بىز بىلەن خۇپتەنگە قاتناشمىسۇن» دېيىلگەن. (مۇسلىم: 444)
شۇنداقلا ئىسرىقنىڭ خۇشبۇي دەپ ئىشلەتمەي، بالايى – ئاپەتنى، سېھىرنى ۋە كۆزنى دەفئى قىلىدۇ ياكى جىن – شەيتانلارنى قوغلايدۇ دەپ ئېتىقاد قىلىش، ئىسلام ئەقىدىسىگە زىتتۇر.
يەنە روزىدارلارنىڭ ئىسرىقتىن ئەتەي نەپەسلىنىشى روزىغا تەسىر يەتكۈزسىمۇ، مەقسەتسىز نەپەسلىنىشى تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب.
127 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بىز بىنا قۇرۇلۇشىدا تەييار بلوكلار (ئەكىلىپلا قوندۇرۇپ ئۆي سالىدىغان) نى قۇيۇپ ساتىمىز. قەرەللىك سېتىشنى يولغا قويماقچى ئىدۇق، بانكا بىلەن سۆزلەشسەك، شەرىئەتكە ئۇيغۇن «مۇرابەھە» ئۇسۇلى بويىچە پۇلنى بانكا تۆلەپ بېرىدىكەن، قەرزدار خېرىدار كېيىنچە بانكىغا قەرزنى ئۆسۈمى بىلەن تۆلەيدىكەن. بۇ ئەھۋالدا بىز ئۆسۈم ئالمىغاندىن كېيىن بانكىدىن قەرز ئالغانلارغا مال ساتساق، توغرا بولامدۇ؟ ئۆسۈم ئالمىساقمۇ بىزگە گۇناھ بولامدىغاندۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئۆي، ماشىنا ۋەياكى باشقا بىر تۈر مېلىنى ئۆسۈملۈك قەرز ئېلىپ سېتىۋالغۇچىغا سېتىشى، ئەگەردە ئۇ قەرزنى بانكا پەقەت مۇشۇ سودىنى پۈتتۈرۈش ئۈچۈن كېتەرلىك ھۆججەتلەرگە ئىمزا قويغان تەقدىردىلا بېرىپ تۇرىدىغان بولسا، ھارام بولىدۇ. چۈنكى، بۇ جازانىگە ھەمكارلاشقانلىق بولىدۇ.
بانكىلاردىكى «مۇرابەھە» سودىسى ماھىيەتتە تەپمە ھالال قىلىنغان جازانەدۇر. مۇبادا بانكا مالنى سېتىۋېلىپ، مال ئىگىدارلىقىغا ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنى نېسى ۋە قەرەللىك ساتسا جائىز بولاتتى. ھالبۇكى، بانكىلار بۇنداق خېيىم – خەتەرگە تەۋەككۇل قىلمايدۇ. قىلسا ئىدى، بانكا تىجارەت شىركىتىگە ئايلىنىپ قالغان بولاتتى – دە، بۇنى شۇ دۆلەتنىڭ قانۇنىمۇ چەكلىگەن بولاتتى.
ئاللاھ تائالا: ﴿گۇناھ ۋە تاجاۋۇزچىلىققا ھەمكارلاشماڭلار!﴾(5/«مائىدە»: 2) دەپ بۇيرۇغان. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاللاھ تائالا ئۆسۈم يېگۈچىگە، يېگۈزگۈچىگە، ئۇنىڭغا گۇۋاھ بولغۇچىغا ۋە ئۇنى يازغۇچىغا لەنەت قىلغان» دېگەن(مۇسلىم 1598).
شۇڭا، بۇ ئىشلاردىن نېرى تۇرۇش لازىم. ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ۋە ئاخىرەت يۇرتىنى كۆزلەپ رىزقنىڭ ھارام ۋە شۈبھىلىك كىرىمدىن خالىي ۋە پاك بولۇشى ئۈچۈن بۇ خىل تىجارەتتىن ئۆزىنى تارتسا، ئاللاھ ئۇنىڭ ئورنىغا ھالال رىزق ۋە بەرىكەت ئاتا قىلغۇسى.
ئەمما، بانكىدىن ياكى بىرەر شەخستىن ئۆسۈملۈك قەرز ئالغان كىشى (ساتقۇچى ئۇنىڭ ئۆسۈملۈك قەرز ئېلىشىغا ياردەملەشمىگەن شەرت ئاستىدا) شۇ پۇل بىلەن سېتىۋالماقچى بولسا، ئۇنىڭغا ساتسا جائىز. چۈنكى، بۇ قەرز سودىغا چېتىلماستىن بۇرۇن ئېلىنىپ بولغان، ئۇ قەرزنى بېرىش بۇ سودىغا قاراشلىق ئەمەس. قەرز بىلەن سودىنىڭ ئوتتۇرىدا ھېچقانداق چېتىشلىق يوق ياكى جازانىلىك توختامنى پۈتتۈرۈشكە ھەمكارلىشىشمۇ يوق. چۈنكى، ئادەتتە بىرنەرسە ساتقاندا، خېرىدارنىڭ پۇلنى ئۆسۈملۈك قەرزدىن ئەكەلگەنلىكى سۈرۈشتە قىلىنمايدۇ. شۇڭا، ئۇنىڭ گۇناھى شۇ كىشىنىڭ گەدىنىدىلا بولىدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب.
128 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قولۇمدا بار پۇلنى تىجارەتكە مەبلەغ سېلىۋەتكەن ئىدىم. ھازىر مەبلەغ مالغا ئايلىنىپ كەتكەنلىكتىن، قولۇمدا زاكات بەرگۈدەك نەق پۇل يوق. شۇڭا، قولۇمغا نەق پۇل كىرگۈچە زاكاتنى كېچىكتۈرسەم بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتكەن سەرمايە تاۋارغا ئايلىنىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ ھەر يىلى ئۇنىڭ زاكىتىنى ئايرىش ۋاجىب بولىدۇ، كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ. تىجارەتكە سېلىۋەتكەن مەبلەغ مالغا ئايلىنىپ كەتكەنلىكتىن قولىدا زاكاتنى تولۇق بەرگۈدەك نەق پۇل يوق بولسا، بارىنى بېرىپ قالغىنىغا قولىدا بار بولغان كىيىم كېچەك، رەخت، يانفۇن دېگەندەك ئايرىش مۇمكىن بولىدىغان مالدىن ئايرىيدۇ. ئايرىش مۇمكىن بولمايدىغان يەر – زېمىن، ماشىنا دېگەندەك مال بولسا ياكى مال ھازىر يېنىدا بولمىسا باشقىلاردىن قەرز ئېلىپ تۇرۇپ زاكاتنى ۋاقتىدا بېرىۋېتىدۇ. قەرز پۇل تاپالمىسا، زاكات بوينىدا قەرز بولۇپ قالىدۇ. بۇ ئەھۋالدا، قولىغا نەق پۇل كىرىشىنى ياكى مالنىڭ سېتىلىشىنى كۈتۈپ، سېتىلغان ھامان بىراقلا ياكى ئۇدۇللۇقچە زاكاتنى بېرىۋېتىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇئمىنلەرنى ﴿تاقىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، (ۋەزىنى) ئاڭلاڭلار، (ئەمرىگە) ئىتائەت قىلىڭلار، (ماللىرىڭلارنى) سەرپ قىلىڭلار، (بۇ) ئۆزۈڭلار ئۈچۈن پايدىلىقتۇر، كىمكى نەپسىنىڭ بېخىللىقىدىن ساقلىنىدىكەن، ئۇ مەقسىتىگە ئېرىشكۈچىدۇر﴾(64/«تەغابۇن»: 16) دەپ بۇيرۇغان. ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب.
129 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! يېقىندا ئىستانبۇل يەرمەنكە مەركىزىگە كەلگەن تىجارەتچى خىتتايدىن بىرى «سىلەر ئېشەك گۆشى يېمىگەندىكىن، بىزگە ساتساڭلار بولمامدۇ؟ ھازىر بىز تەرەپتە بۇنىڭغا ئېھتىياج كۆپ» دەيدۇ، بۇ ئەھۋالدا خىتتايغا ئىشەك گۆشى ساتىدىغان تىجارەتنى قىلىشقا بولامدۇ ياكى ئېشەك گۆشى سېتىشمۇ گۆشىدەكلا ھاراممۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ جاكارچىسىنىڭ: «ئېشەك گۆشلىرىدىن ئازراقمۇ يېمەڭلار! قازاننى تۆكىۋېتىڭلار! چۈنكى ئۇ پاسكىنىدۇر» دەپ جاكارلىغانلىقى (بۇخارىي 4198، 4220)، ئىشەك گۆشىنى قايناتقان قازانلارنى يۇيۇۋېتىشكە بۇيرۇغانلىقى ۋە يەنە ئەبۇ سەئلەبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەرلىك ئېشەك گۆشىنى ھارام قىلغان» دېگەن سۆزى (بۇخارىي 5527) ئۇنىڭ ئۈزۈل – كېسىل ھارام قىلىنغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرىدۇ. فۇقاھائلىرىمىزمۇ ئىشەك ۋە قېچىر گۆشىنى ھارام دەپ قارايدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، ئىشەك گۆشىنى يەيدىغان خىتتاي، قۇرئانچى ۋە باشقا ھەرقانداق تائىپىگە سېتىش، ئىشەك گۆشى تىجارىتىنى قىلىش ھارام بولغىنىدەك، ئۇنىڭدىن تاپقان پۇلمۇ ھارام بولىدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب.
130 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! مەن ئۆمرە قىلىپ بولۇپ مەدىنەگە كەلگەنىدىم. پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن نۆۋەت ئالاي دېگىنىمدە نامازسىز (كېسەل) بولۇپ قالدىم. بۇ ئەھۋالدا زىيارەت قىلسام بولامدۇ؟ ساقىيىپ بولغۇچە قايتماقچى ئىدىم.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ھەرەمگە كەلگۈچىلەرنىڭ پەيغەمبىرىمىزنىڭ قەبرىسىنى ۋە مەسجىدىنى زىيارەت قىلىشى كۆپچىلىك ئالىملار نەزەرىدە مۇستەھەب. بەزى ئالىملار: «ۋاجىب» دەپ قارىغان. مەلۇمكى، ھەيزدار جۇنۇب كىشىگە ئوخشاش زۆرۈر بولمىغان ئەھۋالدا مەسجىدكە كىرمەيدۇ. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «جۇنۇبنىڭ، ھەيزدارنىڭ مەسجىدكە كىرىشىگە رۇخسەت قىلمايمەن» دېگەن (ئەبۇ داۋۇد، 232). لېكىن ئاللاھ تائاﻻنىڭ: ﴿جۇنۇﺏ بولساڭلاﺭ، – يوﻝ ئۈستىدﻩ بولغانلاﺭ بۇنىڭدىن مۇستەسنا – غۇسۇل قىلمىغۇچە ناماﺯغا يېقىنلاشماڭلاﺭ﴾(4/«نىساﺋ»: 43) ﺩېگەﻥ سۆزىدىكى مۇستەسنا قىلىنغان جۇنۇب كىشىگە ھەيزدارمۇ ئوخشاش بولۇپ، مەسجىدكە كىرىپ ئۆتۈپ كېتىشكە رۇخسەت قىلىنغان. بۇنىڭغا ئاساسەن، ئايال كىشى مەدىنە مۇنەۋۋەرەگە بارغاندا ھەيز كۆرۈپ قالسا، «مەسجىدۇننەبەۋىي»گە كىرىپ ئولتۇرماستىن، نەبىي سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىش ئېھتىياجى ئۈچۈن مەسجىدنىڭ «سالام» دەرۋازىسىدىن كىرىپ، «ۋەداﺋ» دەرۋازىسىدىن چىقىپ ئۆتۈپ كەتسە بولىدۇ. قەبرى شەرىفكە كەلگەندە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە سالام بېرىپ خاھلىغىنىچە دۇرۇد يوللايدۇ. ئاندىن ئۇ زاتنىڭ يېنىدىكى ئەبۇبەكرى ۋە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇماغا سالام بېرىپ چىقىپ كېتىدۇ. ئاندىن نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قىلغاندەك، «بەقىيئۇلغەرقەد» قەبرىستانلىقىغا بېرىپ ئۇ يەردىكى ئۇلۇغلىرىمىز ۋە باشقىلار ئۈچۈن دۇئا قىلىدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب.
131 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ھازىر بەزى ئوغۇللىرىمىز ھەرخىل مودىغا ئەگىشىپ چاچلىرىنى غەلىتە ياسىتىدىغان، بويۇنلىرىغا زەنجىر، قوللىرىغا بىلەيزۈك تاقايدىغان بولۇۋالدى. بەزى ھىجابلانغان قىزلىرىمىزدىمۇ گىرىم قىلىدىغان، ھەتتا تىرناق ئۆستۈرۈپ لاك سۈركەيدىغان ئىش بار، بۇنداق قىلىش توغرا ئەمەسلىكىنى دېسىڭىز: «ئادەت كۆرگەن ۋاقتىدا ناماز ئوقۇمىغاندىكىن، تىرناق ئۆستۈرۈپ، لاك سۈركىسە بولىدۇ» دەيدىكەن. يەنە بەزىلىرى لېچەك ۋە شارپىلارنىڭ ئۈستىگە شەپكە كىيىۋالىدىكەن. بۇ توغرىمۇ؟ جاۋاب بەرگەن بولسىڭىز، پەرزەنتلىرىمگە ئوقۇپ بەرمەكچىمەن. ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھ ھالىمىزنى ئىسلاھ قىلغاي. پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ھەرخىل مودىغا ئەگىشىپ چاچلىرىنى غەلىتە ياسىتىشى ۋە غەلىتە كىيىنىشى، مەسىلەن چاچنىڭ بىر قىسمىنى چۈشۈرۈپ، بىر قىسمىنى قالدۇرۇش، ئەۋرەت كۆرۈنۈپ قالىدىغان يىرتىق ئېگىنلەرنى كىيىش، تىرناقلىرىنى ئۆستۈرۈۋېلىش ۋە قىزلار ئوغۇللارغا، ئوغۇللار قىزلارغا ھەتتا يات دىندىكىلەرگە ئوخشىۋېلىشتەك ئەھۋاللار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېنىق چەكلىگەن ۋە لەنەت قىلغان دائىرىگە كىرسە، يەنە بىر قىسمى غەربلىكلەرنى قارىغۇلارچە دوراشتىن ئىبارەت (ئېغىر ۋە يېنىك دەرىجىدە) چەكلىنىدىغان دائىرىگە كىرىش بىلەن بىللە ماددىي ۋە مەنىۋى ساغلاملىققا، مىللىي ئۆرپ – ئادىتىمىزگە زىت كېلىدۇ. ئوغۇل بالىلارنىڭ، شۇنداقلا ئەرلەرنىڭ بويۇنلىرىغا زەنجىر ۋە قوللىرىغا بىلەيزۈك، قۇلىقىغا ياكى بۇرنىغا ھالقا سېلىشىمۇ ھارام قىلمىشتۇر. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆز ئەقىدىسىنى، كىملىكىنى ۋە قىممەت قارىشىنى بىلمەسلىكتىن، مىللىي ئۆرپ – ئادەتتىن يىراقلاشتۇرۇلغانلىقتىن، زىيانلىق تەتۈر تەشۋىقات ۋە ناچار مۇھىت تەسىرىدىن بولىدۇ. دىققەت تارتىش ياكى يات دىندىكىلەرنى دوراش مەقسەت قىلىنماي، سوغۇقتىن ياكى ئاپتاپتىن دالدىلىنىش ئۈچۈن، ياكى ياقتۇرغانلىقتىن لېچەك ۋە شارپىلارنىڭ ئۈستىگە شەپكە كىيىۋېلىش چەكلەنمەيدۇ.
پەرزەنتلەر بويىغا يېتىش باسقۇچىدا ئالاھىدە كۆرۈنۈش ۋە يېڭىلىققا يۈزلىنىشكە ھەۋەس قىلىدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ يۈرۈش – تۇرۇشتىكى تاللىشى مىللىي قەدىر – قىممەتلىرىمىزگە تاقاشقان ئەھۋالدا ئاتا – ئانا ۋە پەرزەنت ھەر ئىككى تەرەپنىڭ پسىخىكىسىدا بىنورماللىق يۈز بېرىدۇ. شۇڭلاشقا ئاتا – ئانىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇلارغا قوپال مۇئامىلە قىلماستىن، لوگىكىلىق ۋە چىرايلىق سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ھىكمەت بىلەن قانائەت ھاسىل قىلدۇرۇپ، ئۇلارنى توغرىغا يۈزلەندۈرۈشكە تىرىشىشى تولىمۇ زۆرۈر. ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب.
132 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! يەر تەۋرەشتىن قورقۇپ ئىستانبۇل سىرتىغا چىقىپ كېتىش قازايى قەدەردىن قاچقانلىق، قوبۇل قىلمىغانلىق بولامدۇ؟ ياكى تەدبىر ئالغانلىق بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. شەكسىزكى، يەر تەۋرەش ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە ھېكمىتى بىلەن يۈز بېرىدىغان ھادىسە بولۇپ، يەر تەۋرىگەندە خەتەرلىك بىنا ئىچىدىن سىرتتىكى سەينا ۋە تۈزلەڭلىكلەرگە قېچىش جائىز بولغىنىدەك، خەتەرلىك دەپ قارالغان مەھەللە ۋە شەھەردىن سىرتقا چىقىپ كېتىشمۇ جائىزدۇر. بۇ شەرىئەت بۇيرۇغان سەۋەب قىلىش دائىرىسىگە كىرىدۇ. ھەرگىزمۇ قازايى قەدەرگە ئىشىنىش ۋە ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىشقا زىت كەلمەيدۇ. چۈنكى، تەۋەككۈل قىلىش قەلبنىڭ ئەمەلى بولۇپ، ئاللاھقا تايىنىش، ئىشىنىش ۋە پايدا – زىيان يەتكۈزەلەيدىغىنى پەقەت يېگانە زات ئاللاھتۇر دەپ ئېتىقاد قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە سەۋەب قىلىش تەلەپ قىلىنغان. ئاللاھ تائالامۇ ﴿ھەزەر ئەيلەڭلاﺭ﴾(4/«نىساﺋ»: 102) ﺩېگەندەك ئايەتلىرىدە سەۋەبىنى قىلىپ ئاندىن تەۋەككۈل قىلىشقا بۇيرۇغان. ئاللاھنىڭ رەسۇلى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ تۆگىنى باغلاپ ئاندىن تەۋەككۇل قىلىشقا بۇيرۇغان (تىرمىزىي 2517). ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ: «بىز ئاللاھنىڭ تەقدىرىدىن ئاللاھنىڭ تەقدىرىگە قاچماقچى. ئويلىنىپ باققىنكى، سېنىڭ تۆگىلىرىڭ بولسا ۋە سەن تۆگىلىرىڭ بىلەن بىر تەرىپى يېشىل، يەنە بىر تەرىپى قاقاس بىر ۋادىغا چۈشۈپ، تۆگىلىرىڭنى يېشىللىقتا باقساڭ، ئۇ ئاللاھنىڭ تەقدىرى ئەمەسمۇ؟ ئەگەر ئۇلارنى قاقاسلىقتا باقساڭ، ئۇمۇ ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن بولمامدۇ؟» دېگەن (بۇخارىي 5729). دېمەك، ئىنسان مەيلى قەيەرگە چىقىپ كەتسۇن، قوبۇل قىلسۇن ياكى قىلمىسۇن ئاللاھنىڭ قازايى قەدەرىدىن قېچىپ كېتەلمەيدۇ. ئەجەلى بىرەر مىنۇتمۇ كېچىكمەيدۇ. ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇكى: ﴿ئى مۇھەممەد!) «سىلەر قاچىدىغان ئۆلۈم چوقۇم سىلەرگە يولۇقىدۇ، ئاندىن سىلەر غەيبنى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچى زاتنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرىسىلەر، ئۇ زات سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ» دېگىن﴾ (62/«جۇمۇئە»: 8)
ئەمدى، يەر تەۋرەشنى ھېچكىم ئالدىن كېسىپ بىلەلمەيدىغانلىقى ئۈچۈن قاتتىق تەۋرەش ئېھتىمالى بار يەردىن سىرتقا چىقىپ كېتىش، خاتىرجەم بولىدىغان رايون\مەھەللىگە كۆچۈپ كېتىشنىڭ ھۆكمى سەۋەبىنى قىلىش ۋە تەدبىر ئېلىش دائىرىسىدە مۇستەھەبتۇر. شۇنداقتىمۇ يەر داۋاملىق تەۋرەپ تۇرىدىغان ئىستانبۇلدەك جايلاردا ياشايدىغانلار داۋاملىق بۇنداق قىلىپ بولالمايدۇ. مۇبادا مەلۇم يەردە يەر قاتتىق تەۋرەپ ھالاكەت كەلتۈرۈشى ئېنىق بولسا ئىدى، ئۇ يەردىن يىراقلىشىش ۋاجىب دەرىجىسىگە يېتەتتى. ھالبۇكى، بۇ غەيب دائىرىسىدىكى ئىش بولۇپ، غەيبنى شۇنداقلا توغرىسىنى پەقەت ئاللاھ بىلۇر.
133 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! مەھرەم ھەققىدە كىتاب ۋە مەنبەلەردىن خېلى مەلۇماتقا ئىگە بولۇپ قالدىم، گوللاندىيە كىچىك بىر دۆلەت، شەھەرلەرنىڭ ئارىلىقى بەك يىراق ئەمەس، مەن تۇرۇۋاتقان شەھەردىن ئۇيغۇر مەسجىدىمىزگە بېرىش ئۈچۈن 1 سائەت ماشىنا ھەيدەپ بارىمىز، خەرىتىدىكى مۇساپىسى 90 كىلومېتىر (ئىستانبۇلنىڭ بىر تەرەپتىن يەنە بىر تەرىپىگە بېرىش ئۈچۈنمۇ بەزىدە مۇشۇنىڭدىن كۆپ مۇساپە بېسىلىدىكەن). بىز «شۇ مەسجىدكە بارغاندا ناماز قەسىر قىلىنىدۇ» دەپ نامازنى قىسقارتىپ ئوقۇغان، قەسىر نامىزى ئوقۇلغاندىكىن سەپەر مۇساپىسىگە چۈشىدۇ دېمەك. بىز تولا ۋاقىتتا بالىلىرىمىزنى پائالىيەتكە يولدىشىمىز بولمىسىمۇ ماشىنا ھەيدەپ ياكى قاتناش بىلەن ئاپىرىپ – ئەكىلىمىز. بۇ ئەھۋالغىمۇ مەھرەم چۈشەمدۇ؟ ئەگەر مەھرەم چۈشمىسە، نامازنى قەسىر قىلىپ ئوقۇغىنىمىز توغرىمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ھەدىس شەرىفلەردە كۆرسىتىلگىنىدەك: «ئايال كىشى مەھرەمسىز سەپەرگە چىقمايدۇ». مەھرەم بىللە بولۇشى تەلەپ قىلىنغان بۇ سەپەر ئادەتتە سەپەر ھېسابلىنىدىغان ۋە شەرىئەتتە بۇنىڭ مۇساپىسى كۆپچىلىك ئالىملار تەرىپىدىن 85 كىلومېتىر قىلىپ بېكىتىلگەن بولۇپ، سەپەر بولۇشى ئۈچۈن مۇشۇ مۇساپىنى بېسىش نىيىتىدە تۇرۇۋاتقان شەھەر بىنالىرىدىن ئايرىلغان بولۇشى شەرت قىلىنغان. بۇ ئارىلىق ئۆيدىن ھېسابلانمايدۇ، بەلكى تۇرۇۋاتقان كەنت ياكى رايون سىرتىغا چىققاندىن باشلاپ، يەنە بىر شەھەر ياكى رايون سىرتىغا بارغۇچە بولغان ئارىلىق ھېسابلىنىدۇ. يەنى ئىككى شەھەر ئارىلىقى 85 كىلومېتىردىن ئېشىشى لازىم. بۇ شەرتلەرگە ئاساسەن، ئىستانبۇل ياكى قاھىرە، ياكى توكيوغا ئوخشاش چوڭ شەھەرلەر ئىچىدە 85 كىلومېتىردىن كۆپ يول يۈرسىمۇ بۇ سەپەر ھېسابلانمايدۇ. چۈنكى بۇ ئىشلىرىنى پۈتتۈرۈش ئۈچۈن شەھەر ئىچىدە ئايلىنىپ يۈرۈش بولۇپ، شەرىئەتتىمۇ، ئۆرپىمىزدىمۇ سەپەر ئەمەستۇر. شۇڭلاشقا تۇرۇۋاتقان شەھەردىن قوشنا شەھەرلەرگە سەپەر قىلغاندا، شەھەر بىنالىرى تۇتۇشۇپ كەتكەن بولسا، ئىككىسى ياكى ھەممىسى بىر شەھەر ھۆكمىدە بولۇپ، گەرچە 85 كىلومېتىردىن كۆپ يول يۈرسىمۇ بۇ سەپەر ھېسابلانمىغانلىقتىن، بۇنىڭغا مەھرەم تەلەپ قىلىنمايدۇ. ئەمما، ئۆز شەھرىدىن چىققاندا شەھەر بىنالىرى ئۈزۈلۈپ قالغان تەقدىردە، ئاندىن 85 كىلومېتىر مۇساپىگە مەھرەم شەرت بولىدۇ. قەسىر قىلىپ ئوقۇشمۇ يۇقىرىقى ئۆلچەم ئاساسىدا بولىدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب.
134 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! مەن تىجارەت ئىشلىرى بىلەن ۋەتەن سىرتىدا بولۇپ قېلىپ، يول تاقالغاندىن كېيىن ئىككىنچى ئايالغا ئۆيلەنگەن ئىدىم. مانا ئەمدىلىكتە ۋەتەندىكى ئايالىم ۋەتەندىن پاسپورت ئىشلىتىپ بىر قېتىم چىقىپ، چۈشۈپ كەتتى. تۇنجى چىقىشى بولغاچ ۋەتەندىن چىققان ئايالىم بىلەن ئىككى ئاي تۇردۇم. ئەمدىكى مەسىلە ئايالىم ۋەتەندىن قايتا چىقسا، مەن ئىككى ئائىلىنى قانداق ئېلىپ مېڭىشىم كېرەك؟ ۋەتەندە ئايرىلىپ تۇرغان ۋاقتىمىزنى تولۇقلاپ بېرەمدىم ياكى چىققان كۈنىدىن باشلاپ تەڭ باراۋەر قارامدىم؟ مۇشۇ ھەقتە شەرىئەت نېمە دەيدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بىردىن ئارتۇق ئايالى بار ئەرلەر ئاياللىرىغا تۇرالغۇ، خىراجەت ۋە نۆۋەت بىلەن قونۇش قاتارلىق قۇربى يەتكەن ماددىي ئىشلاردا تەڭ باراۋەر مۇئامىلە قىلىشى ۋاجىب بولۇپ، بىر ۋاقىتتا بىردىن ئارتۇق ئايالغا ئۆيلىنىشكە رۇخسەت قىلىنىش ئۈچۈن ئاياللىرىغا تەڭ – باراۋەر مۇئامىلە قىلىش شەرتتۇر. بىرىنچى ئايالنىڭ يولدىشىدىن ئايرىلىپ ۋەتەندە ئۆتۈپ كەتكەن كۈنلىرى كۈچلۈك قاراشقا ئاساسلانغاندا، ئىككىنچى ئايال بار جايغا چىققاندا تولۇقلاپ بېرىلمەيدۇ. شۇنىڭدەك ئېرىدىن ئىجازەت ئېلىپ ئاتا – ئانىسىنى يوقلاش ئۈچۈن سەپەر قىلغان ئايالغىمۇ كۈنلىرى تولۇقلاپ بېرىلمەيدۇ. ئۇ ئايالمۇ تولۇقلاپ بېرىشنى تەلەپ قىلالمايدۇ. چۈنكى، تەقسىمات ئۇنس – ئۈلپەت ئۈچۈن يولغا قويۇلغان بولغاچقا، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۆتۈپ كېتىدۇ، شۇڭا قازاسى تولۇقلانمايدۇ. يەنە كېلىپ بىرىنچى ئايالىغا ئۆتكەن كۈنلەرنىڭ قازاسىنى قىلىپ بەرگەن تەقدىردە، ئىككىنچى ئايال زىيانغا ئۇچرايدۇ. شۇڭلاشقا ئىككى ئايال بىر يۇرتتا جەم بولغان ھالەتتىلا قونۇش نۆۋەت بويىچە تەقسىم قىلىنىدۇ. شۇنداقتىمۇ فۇقەھائلارنىڭ يەنە بىر قارىشىنى، بۇ ئايرىلىشتىكى خىتتاي زۇلمى سەۋەبلىك مەجبۇرلىنىشنى ۋە ئايرىلىپ تۇرغان ئايالنىڭ ئۇچرىغان ئېغىر كۈنلىرىنى نەزەردە تۇتۇپ ئوتتۇرىدىن چىقىش قىلىپ، ئىككىنچى ئايال ئۇزۇن مۇددەت ئايرىلىپ تۇرغان بىرىنچى ئايالنىڭ ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇنىڭغا ئۆز نۆۋىتىنى مەلۇم مۇددەت ئۆتۈنسە ياكى رازى بولسا، ياكى مەلۇم ئورۇنلاشتۇرۇشقا كېلىشسە، ياخشى بولىدۇ ۋە شۇنداق قىلىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ. شۇڭا، ئىككىنچى ئايالدىن رازىلىق ئېلىپ بىرىنچى ئايالنىڭ كۈنلىرىنىڭ بىر قىسمىنى تولۇقلاپ بېرىپ تەسەللىي بېرىش ئەڭ مۇناسىپتۇر. بۇنداق سۈلھ قىلىشقا ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايەتى يول قويغاندۇر: ﴿ئۆزئارا سۇلھ قىلىشسا، ئۇلارغا ھېچ گۇناھ يوقتۇر، سۇلھ قىلىش خەيرلىكتۇر﴾(4/«نىساﺋ»: 128).
نەپىقە جەھەتتىن بىرىنچى ئايالىنىڭ ئۆتكەن يىللاردىكى نەپىقەسىنى بېرىشى ۋاجىب بولغىنىدەك، ئايرىلىپ تۇرغان مۇددەتتە ئىككىنچى ئايالغا ئېلىپ بەرگەندەك نەرسىلەرنى ئېلىپ بېرىشى تەڭ – باراۋاەر مۇئامىلە قىلىش دائىرىسىدە ئوخشاشلا ۋاجىبتۇر. ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب.
135 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز. مېنىڭ كىچىك بىر ئاتۆليەرىم (تىكىمچىلىك ئورنى) بار. ئۇنىڭدا مەن، ئايالىم ۋە باشقا ئاياللار بىللە ئىشلەيمىز. ئاياللارغا ئەل نەرخى ھەق بېرىمەن. ئايالىمغا بولسا باشقىلارغا بەرگەن پۇلنىڭ ئۈچنىڭ بىرىنى بېرىپ كېلىۋاتاتتىم. ھازىر ئايالىم: «مەنمۇ تولۇق ئالاي، باشقىلارغا قانداق بەرگەن بولسىڭىز ماڭىمۇ شۇنداق بېرىڭ» دەپ تەلەپ قىلدى. شۇنداق بېرىشىم كېرەكمۇ ياكى مەن ئايالىمنىڭ پۈتۈن چىقىمىنى قىلىدىغان بولغاندىكىن، ئۇنىڭغا ئىشلىگەن ھەققىنى تولۇق بەرمىسەممۇ بولامدۇ؟ ۋەتەندە بىز دېھقان ئائىلىسىدە چوڭ بولغان. دادام ئانامغا: «سەن ئېتىزلىققا چىقتىڭ، ماۋۇ سېنىڭ ئىش ھەققىڭ» دەپ پۇل بەرگىنىنى بىلمەيمىز. ھەرقانداق بىر ئىشتا، مەسىلەن دېھقانچىلىق ياكى چارۋىچىلىق ياكى ئاتۆليە قىلايلى، ئاياللىرىمىزنى ئىشلەتسەك، شەرىئەتتە ئۇنىڭغا ئەل نەرخى ئىش ھەققى بېرىشىمىز كېرەكمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا، دەلىللىرىنى دەپ بەرگەن بولسىلا. ئاللاھ رازى بولسۇن.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاياللىرى ئاتۆليەدە ئىشلەپ بەرمىگەن تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ يېمەك – ئىچمەك، كىيىم – كېچەك ۋە داۋالىنىش خىراجەتلىرى سىلىگە ۋاجىبتۇر. ئەگەر ئاياللىرىنى ئىشلەتسىلە، ئۆزى: «مەن پىداكارلىق بىلەن ئىشلەپ بېرەي» دېمىگەن، ئەل نەرخى مائاش تەلەپ قىلغان ئەھۋالدا، چوقۇم باشقىلارغا ئوخشاش ياكى ئىككى تەرەپ رازىلاشقان ھەقنى بېرىپ ئىشلىتىشلىرى كېرەك بولىدۇ. چۈنكى، ئاياللىرىنىڭ سىلىگە ئاتۆليەدە ياكى باشقا ئىش ئورنىدا ئىشلەپ بېرىش مەجبۇرىيىتى يوق. ۋەتەندە ئانىلىرىمىزنىڭ ئېتىز – ئېرىق، ھۈنەر كەسىپ، دۇكاننىڭ ئىشلىرى بولسۇن، ھەمكارلىشىپ ئىشلەپ بېرىشى شۇ دىياردىكى ئۆرپ بويىچە ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ پىداكارلىقى، رازىلىقىدىندۇر. شۇڭا، ئاياللىرىنى پىداكارلىق قىلىپ ھەقسىز ياكى ئاز ھەق بىلەن ئىشلەشكە زورلىسىلا بولمايدۇ. بۇنىڭ دەلىلى شەرىئەتتە ئايالنىڭ ئېرى ئۈچۈن ئۆينىڭ سىرتىدا ئىشلەپ بېرىش مەجبۇرىيىتى بارلىقىغا دەلىل بولمىغانلىقى ۋە ئۇنداق مەجبۇرىيىتىنىڭ يوقلۇقىغا بارلىق ئالىملارنىڭ ئىجمائسىدۇر. يەنە كېلىپ ئايالنى ئىشلەشكە زورلاش ماھىيەتتە ئىشلىمىسە ئايالغا نەپىقە بەرمىگەنلىكمۇ بولىدۇ. سوئالدا ھۆكۈمنى سوراش بىلەن كۇپايىلەنمەي دەلىلمۇ تەلەپ قىلىشلىرى ئورۇنسىز. چۈنكى، سىلى دەلىل ئەھلى بولىدىغان بولسىلا، بۇ ھەقتە ئىجماﺋ بارلىقىنى بىلىشلىرى كېرەك ئىدى. ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب.
136 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! 35 ياشلىق ئايال ئوقۇتقۇچى ھىجابلىق ھالدا تولۇقسىزنىڭ قىز – ئوغۇل ئارىلاش سىنىپتا ماتېماتىكا دەرسى ئۆتسە بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ھىجاب ئۆلچەملىك بولسا بولىدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب.
137 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! مەن سىلىدىن ناماز ۋاقتى توغرىسىدا سورىماقچى ئىدىم، بۇ ھەقتە بەرگەن پەتىۋالىرىنىمۇ ئوقۇغان ئىدىم، ئەمما «مېنىڭ ئەھۋالىم چۈشەمدۇ، چۈشمەمدۇ، خاتالىق بولۇپ قالمىسۇن» دەپ قايتىدىن سورىماقچى بولدۇم. مەن گېرمانىيەدە تۇرىمەن، بىزدە نامازشام 20.50 دە، خۇپتەن 23.12 دە بولىدۇ. خۇپتەن بەك كېيىن كىرگەچكە، بىز «نامازشامدىن بىر يېرىم سائەت كېيىن» دېگەن ئۆلچەم بويىچە 22.20 لەردە خۇپتەن ئوقۇۋاتىمىز، ئەمما ناماز ئوقۇپ يېتىپ بولغۇچە، ۋاقىت 23.00 بولۇپ كېتىدۇ، ئەتىگەندە نامازغا ئەڭ كەچ 4.50 لەردە تۇرمىساق، كۈن چىقىپ كېتىدۇ. نورمالدا بىزنىڭ بالىلار بۇرۇن ئۇخلاپ بىز بىلەن تەڭ تۇرۇۋالىدۇ، كەچ ياتقۇزۇپ سىناپ باقساقمۇ بىرەر يېرىم سائەت (بەك بولۇپ كەتسە) كېيىن قوپتى، يەنى تۈزۈك پايدىسى بولمىدى. شۇنىڭ بىلەن بىز تەكرار ئۇخلىيالماي، كۈندىلىك ھاياتىمىز نامازغا قوپقان 4.50 دە باشلىنىپ كېتىدۇ ۋە خۇپتەننى ئوقۇپ 23.00 لەردە ئاران يېتىۋاتىمىز. ھازىر پەقەت بولالماي، بالىلار يەسلىگە مېڭىپ بولغۇچە دەملىشىپ ئازراق ئۇخلىۋالىدىغان بولدۇق، لېكىن يەنىلا ئۇيقۇمىزنى ئېلىپ بولالمايۋاتىمىز. «كەچتە سائەت بەشلەردە بالىلار بىلەن بىللە ئۇخلاپ ياتايلى» دېسەك، ئازراق ئۇخلىۋالغاچقا، رەسمىي ئۇخلايدىغان ۋاقىت 23.00 لەردە ئۇيقۇمىز كەلمەي قىينالدۇق. مەن ئۆي ئايالى، يولدىشىم تولۇق سەككىز سائەت ئىشلىشى كېرەك. بەزىدە كەچلىرىمۇ ئىشلەپ كېتىدۇ. مېنىڭ كەچلىك ئۇيقۇم ياخشى بولمىغاچ، دىئابىتتىن شېكەرىم ئۆرلەپلا تۇرىدۇ. قىسقىسى، بۇ بىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمىز. سوئالىم: ئەجەبا، خۇپتەن نامىزىنى تېخىمۇ ئالدىغا تارتىپ ئوقۇش ئىمكانىيىتىمىز يوقمىدۇ؟ ئەگەر بولسا سىلىچە قانچىلەردە ئوقۇساق بولىدۇ؟ بۇ يەردە ياز ئەمدى باشلاندى، بۇنىڭدىن كېيىن خۇپتەن نامىزى تېخىمۇ كېيىن، بامدات نامىزى تېخىمۇ بۇرۇن كىرىدۇ. مۇشۇ ھەقتە سىلىنىڭ پەتىۋالىرىغا ئېھتىياجىمىز بولۇپ قالدى، كۆپ رەھمەت.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ئەلۋەتتە قىيىنچىلىق بولمىسا، ناماز خۇپتەننى ۋە باشقا نامازلارنى ۋاقتى كىرگەندە ئوقۇش كېرەك. شەرىئەت ھېساب قىلغان سەپەر، ئەرافات – مۇزدەلىفەلەردە، يامغۇر، جۇدۇن، بوران كەبى ھاۋارايى ئۆزگىرىشلىرى، دوختۇرخانىلارغا يۈگۈرۈش، ئۇيقۇسىز قېلىش، ئارامسىزلىق، ئىشقا ۋاقتىدا ئويغىنالماسلىق ۋە بالىلارنىڭ مەكتەپكە بېرىشىغا ئەپسىز بولۇش قاتارلىق قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىغانلار ئۆزرە تېپىلغانلىقى ئۈچۈن، ئىزچىل ئادەت قىلىۋالماستىن قىستالغان كۈنلەردىلا پېشىن بىلەن ئەسىرنى، شام بىلەن خۇپتەننى بىرىنى يەنە بىرىنىڭ ۋاقتىدا جەملەپ ئوقۇۋالسا بولىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، قىستالغان كۈنلەردىلا شامنى خۇپتەن بىلەن شام ۋاقتىدىن تارتىپ تاكى تۈن نىسپىگىچە ياكى بامداتقىچە جەملەپ ئوقۇۋالساڭلار بولىدۇ. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قورقۇنچ ياكى سەپەر بولمىغان ئەھۋالدا پېشىن بىلەن ئەسىرنى، شام بىلەن خۇپتەننى جەملەپ ئوقۇغان». ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن:
— نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلغان؟ — دەپ سورالغاندا، ئۇ:
— ئۈممىتىدىن ھېچبىر كىشى ھەرەجدە قالمىسۇن، دەپ شۇنداق قىلغان، — دېگەن(مۇسلىم (705). ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب.
138 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بىز سەئۇدىيدا ياتاق ئىجارىگە بېرىۋاتاتتۇق. ئويلىمىغان يەردىن سەئۇدى ھۆكۈمىتى بۇ يىل رەسمىيىتى يوق ھاجىلارنى تۇتۇپ، جىددەگە ئەچىقىۋەتتى. بۇ سەۋەبتىن بىز ھاجىلاردىن ھەج مەۋسۇملۇق ئىجارە پۇلنى تولۇق ئالغان بولساقمۇ، ئۇلار ياتاقتا تولۇق ياتالمىدى. «پۇلنى قايتۇرۇپ بېرەيلى» دېسەك، بىزمۇ ئۇ پۇلنى ئۆي ئىگىلىرىگە يىللىق ئىجارىگە تۆلىگەن. ئۇلار ئۇ پۇلنى قايتۇرۇپ بەرگىلى ئۇنىمىدى. ئەمدى بىز «شەرىئەتتە قانداق ھۆكۈم بولسا، شۇ بويىچە قىلايلى» دەپ ئۆزلىرىدىن سوراپ تۇرۇپتىمىز. ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا سىلىنىڭ ھۆكۈملىرىنى ئومۇمەن ھەممەيلەن قوبۇل قىلىمىز.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئىجارە ھەج مەۋسۇملۇق ياكى بىر يىللىق توختام بويىچە تۈزۈلگەن بولسا ۋە مۇددەت توشۇشتىن بۇرۇن تۇتۇلۇپ قېلىپ ياكى ئەندىشە قىلىپ ياكى كېتىشكە ئالدىراپ قېلىپ ياتاقنى تاشلاپ كەتكەن ئەھۋالدا ئىجارە پۇل قايتۇرۇلمايدۇ. چۈنكى، توختام كۈچكە ئىگە. ياتاقنى ئىجارىگە بەرگۈچى ياتاقنى ھاجىغا تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكتىن ئىجارە پۇلغا ھەقلىق. تۇتۇلۇپ قېلىپ چىقىرىۋېتىلىش ئىككى تەرەپكە باشتىنلا مەلۇم بولغاچقا، «تۇتۇلۇپ قېلىپ چىقىرىۋېتىلسەم، قالغان مۇددەتنىڭ پۇلىنى قايتۇرۇسىز» دەپ شەرتلەشسە، ئاندىن قايتۇرۇشى كېرەك. شۇنداقتىمۇ ياتاقتىن پايدىلىنالمىغانلىقنى كۆزدە تۇتۇپ، زىيان بىر تەرەپكىلا كەلمەسلىكى ئۈچۈن، ئىجارە پۇلنىڭ بىر قىسمىنى، ئەقەللىيسى ئالىدىغان پايدىسىنى بولسىمۇ قايتۇرۇپ بېرىشى، بۇ ئارقىلىق سۈلھىلىشىپ رازىلىشىپ كېتىشى، ئاللاھنىڭ مېھمانلىرىنىڭ ھەققىدىن، ئۇلارنىڭ قاغىشىدىن ھەزەر ئەيلىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ. كېلىشەلمەي نىزاغا چۈشۈپ قالسا، بىرەيلەننى ھەكەم قىلىپ ئايرىسا بولىدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب.
138 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بىز سەئۇدىيدا ياتاق ئىجارىگە بېرىۋاتاتتۇق. ئويلىمىغان يەردىن سەئۇدى ھۆكۈمىتى بۇ يىل رەسمىيىتى يوق ھاجىلارنى تۇتۇپ، جىددەگە ئەچىقىۋەتتى. بۇ سەۋەبتىن بىز ھاجىلاردىن ھەج مەۋسۇملۇق ئىجارە پۇلنى تولۇق ئالغان بولساقمۇ، ئۇلار ياتاقتا تولۇق ياتالمىدى. «پۇلنى قايتۇرۇپ بېرەيلى» دېسەك، بىزمۇ ئۇ پۇلنى ئۆي ئىگىلىرىگە يىللىق ئىجارىگە تۆلىگەن. ئۇلار ئۇ پۇلنى قايتۇرۇپ بەرگىلى ئۇنىمىدى. ئەمدى بىز «شەرىئەتتە قانداق ھۆكۈم بولسا، شۇ بويىچە قىلايلى» دەپ ئۆزلىرىدىن سوراپ تۇرۇپتىمىز. ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا سىلىنىڭ ھۆكۈملىرىنى ئومۇمەن ھەممەيلەن قوبۇل قىلىمىز.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئىجارە ھەج مەۋسۇملۇق ياكى بىر يىللىق توختام بويىچە تۈزۈلگەن بولسا ۋە مۇددەت توشۇشتىن بۇرۇن تۇتۇلۇپ قېلىپ ياكى ئەندىشە قىلىپ ياكى كېتىشكە ئالدىراپ قېلىپ ياتاقنى تاشلاپ كەتكەن ئەھۋالدا ئىجارە پۇل قايتۇرۇلمايدۇ. چۈنكى، توختام كۈچكە ئىگە. ياتاقنى ئىجارىگە بەرگۈچى ياتاقنى ھاجىغا تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكتىن ئىجارە پۇلغا ھەقلىق. تۇتۇلۇپ قېلىپ چىقىرىۋېتىلىش ئىككى تەرەپكە باشتىنلا مەلۇم بولغاچقا، «تۇتۇلۇپ قېلىپ چىقىرىۋېتىلسەم، قالغان مۇددەتنىڭ پۇلىنى قايتۇرۇسىز» دەپ شەرتلەشسە، ئاندىن قايتۇرۇشى كېرەك. شۇنداقتىمۇ ياتاقتىن پايدىلىنالمىغانلىقنى كۆزدە تۇتۇپ، زىيان بىر تەرەپكىلا كەلمەسلىكى ئۈچۈن، ئىجارە پۇلنىڭ بىر قىسمىنى، ئەقەللىيسى ئالىدىغان پايدىسىنى بولسىمۇ قايتۇرۇپ بېرىشى، بۇ ئارقىلىق سۈلھىلىشىپ رازىلىشىپ كېتىشى، ئاللاھنىڭ مېھمانلىرىنىڭ ھەققىدىن، ئۇلارنىڭ قاغىشىدىن ھەزەر ئەيلىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ. كېلىشەلمەي نىزاغا چۈشۈپ قالسا، بىرەيلەننى ھەكەم قىلىپ ئايرىسا بولىدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب.
139 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن ۋە شۇنداقلا ئۈممەتكە ۋە مىللەتكە مەنپەئەتلىك قىلىپ بەرسۇن! ئۆزلىرىنىڭ «ئىككىنچى قېتىملىق رامازانلىق زۆرۈر بولغان دىنىي مەسىلىلەردە پەتۋا ۋە مەسلىھەت بېرىش خىزمىتى» 16 – نومۇرلۇق سوئالدا: «‹ئى نامى گۈزەل مۇھەممەد! كەل شاپائەت ئەيلە، كەمتەر قۇلۇڭغا› دەپ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن شاپائەت تىلىسە دۇرۇس بولىدۇ» دەپ بېرىلگەن پەتۋادا تۆۋەندىكىلەرگە ئوچۇقلىما بېرىشلىرىنى سورايمىز:
1) يۇقىرىدىكى سوئالدا شاپائەتنى ئاللاھتىن تىلىمەي پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن تىلىگەن، ئەمەلىيەتتە شاپائەت ئاللاھتىن سورىلىدۇ، بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا: «قُل لِّلَّهِ الشَّفَاعَةُ جَمِيعًا» دېگەن.
2) بېرىلگەن جاۋابتا دەلىل قىلىنغان ئايەتتە: «ولو أنهم إذ ظلموا أنفسهم…» ئۆزىگە زۇلۇم قىلىپ گۇناھقا پاتقانلارنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھايات ۋاقتىدا گۇناھلىرىنىڭ مەغفىرەت قىلىنىشى ئۈچۈن ئاللاھقا دۇئا قىلىپ قويۇشىنى ئۆتۈنۈپ قېشىغا كېلىشكە دەلىل چىقىدۇ. ئەمما، ۋاپات بولغاندىن كېيىنمۇ قەبرىسىگە كېلىپ ئاللاھتىن گۇناھلىرىنىڭ مەغفىرەت قىلىنىشى ئۈچۈن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ۋەسىيلە قىلىشقا ساھابە، تابىئىنلەردىن ۋە سەلەف سالىھلەردىن بۇ توغرىدا بىرەر ئەسەر بارمىدۇ؟ بولغان تەقدىردىمۇ بۇ ئايەت پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دۇئاسى بىلەن شاپائەت تىلەشكە دەلىل بولىدۇ، سورالغان سوئالنىڭ مەزمۇنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ زاتىدىن شاپائەت تەلەپ قىلىشتۇر.
3) بېرىلگەن جاۋابتا: «تۆت مەزھەب ئۆلىمالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ كۆزقارىشى» دېيىلگەن. گەرچە بۇ كۆزقاراش ئاساسەن تۆت مەزھەبنىڭ 6 – ئەسىردىن كېيىنكى ئۆلىمالىرىنىڭ كىتابلىرىدا بايان قىلىنغان بولسىمۇ، قۇرئان، سۈننەتتىن دەلىلسىز، بولغاندىمۇ ئاجىز، توقۇلما ۋە ياكى ساھابە، تابىئىنلەرنىڭ بۇ ھەقتە كەلگەن بىرەر ئىش – ئىزى ياكى ئەسەرلىرىمۇ بايان قىلىنمىغان، بەلكى ساھابەلەردىن كەلگەن ئەسەرلەردە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋاپات تاپقاندىن كېيىن، تاغىسى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدەك ئائىلە – تاۋابىئاتلىرى ۋە تەقۋا سەلەف سالىھ ھايات كىشىلەرنىڭ دۇئاسى بىلەن ۋەسىلە قىلىنغان. بۇ ھەقتە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «بىز بۇرۇن قۇرغاقچىلىق بولۇپ كەتسە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ۋەسىيلە قىلاتتۇق، ئەمدى پەيغەمبىرىمىزنىڭ تاغىسىنى ۋەسىيلە قىلىمىز». بۇ ئەسەردە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋاپات تاپقاندىن كېيىن ئۇ زاتنى ۋەسىلە قىلىپ شاپائەت تىلەشنىڭ دۇرۇس بولمايدىغانلىقى چىقىدۇ، چۈنكى دۇرۇس بولىدىغان بولسا، ئىدى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبىرىمىزنىڭ تاغىسىنى ۋەسىلە قىلماستىن پەيغەمبىرىمىزنى ۋەسىلە قىلغان بولاتتى.
4) بېرىلگەن جاۋابتا: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قەبرىسىدە بەرزەخ ئالەمىدە شۇ ئالەمگە مۇناسىپ ھالەتتە ھايات» دېيىلگەن بولۇپ، بۇنىڭدىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى دۇنيا ھاياتىدا ھايات سالىھ كىشىلەردىن ۋەسىلە قىلغاندەك ۋەسىلە قىلىپ شاپائەت تىلەشنىڭ دۇرۇسلۇقى چىقمايدۇ، چۈنكى دۇنيا ھاياتى بىلەن بەرزەخىي ھايات ئوخشىمايدۇ. (مەدىنە مۇنەۋۋەرە ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرى يوللىدى).
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھ تائالا بىزگە ۋە ھەممىلىرىگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئەسقاتىدىغان، مىللىتىمىزگە پايدىسى يېتىدىغان ئىلىم ۋە ئەمەل ئاتا قىلغاي!
ئالدى بىلەن بۇ مەسىلە ھەققىدە ئۆلىمالار ئوتتۇرىسىدا پەرقلىق قاراشلارنىڭ بارلىقىنى ۋە تۆت مەزھەبنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىنمۇ شاپائەت تىلەش جائىز» دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ قويۇشنى مۇناسىپ دەپ قاراش بىلەن بىرگە، ھەرقايسىلىرىنىڭ ئون يىللارچە شەرئىي ئىلىملەرنى ئوقۇغان ۋە بۇ تۈرلۈك مەسىلىلەردە ئەھلى ئىلىملەر ئوتتۇرىدا ئۇزۇن – ئۇزۇن مۇزاكىرە ۋە مۇناقەشەلەرنىڭ بارلىقىنى بىلگەن تۇرۇقلۇق، كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ بۇ ھەقتىكى دەلىل ۋە ئاساسلىرىنى سوراپ سۈرۈشتە قىلىشلىرى ئارتۇقچە دەپ قارايمەن. شۇڭا، سەئۇدىي ئەرەبىستان ئىلىم ئەھلىلىرى ياقلىغان مەلۇم قاراشنى بىردىنبىر توغرا قاراش دەپ ئويلىۋېلىپ، ئۆلىمالارنىڭ قاراشلىرى پەرقلىق بولغان بىر مەسىلىدە دەلىللەرنى قايتىدىن تەھلىل قىلىش ۋە مۇزاكىرە قىلىش ئايىغى چىقماس بەس – مۇنازىرىگە ئېلىپ بارىدۇ. شۇنداقتىمۇ بۇ خىل ئىزاھات تەلەپ قىلىشنى جەمئىيەتتىكى ئىلمىي مەسىلىلەرگە دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ پىكىر قاتناشتۇرۇش ۋە تەسىر كۆرسىتىش دائىرىسىدە تالىبۇل ئىلىم ۋە ئىلىم ئەھلىگە لايىق ئىش ۋە ئەقەللىي بۇرچ دەپ قارىغانلىقىمدىن ھەرقايسىلىرىغا رەھمەت ئېيتىش بىلەن ئاللاھتىن تەۋپىق تىلەيمەن ھەمدە «يۇقىرىقى 4 نۇقتىغا ئىلمىي ئىزاھات بېرىش پايدىلىق» دەپ قارايمەن.
1) ھەرقايسىلىرىنىڭ «ئەمەلىيەتتە شاپائەت ئاللاھتىن سورىلىدۇ» دېگەن سۆزلىرى پاكىت تەلەپ قىلىنغان مەسىلىنى مۇسەللەم (قارشى تەرەپ ماقۇل كېلىدىغان) مەسىلىگە ئايلاندۇرۇش (المصادرة على المطلوب) تىن ئىبارەت. چۈنكى، بۇ يەردىكى قاراش ئوخشىماسلىقى دەل مۇشۇ نۇقتىدا بولۇۋاتىدۇ. شۇڭا، بۇ خىل دەئۋانى دەلىل، نەتىجىنى مۇقەددىمە قىلىۋېلىش پاكىت كەلتۈرەلمەسلىكنى يۆگەش ۋە پاكىت كەلتۈرۈشتىن قېچىش بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر ئۇ جۈملە مۇسەللەم بولىدىغان بولسا، بۇ مۇزاكىرەنىڭ نېمە كېرىكى؟!
«قُل لِّلَّهِ الشَّفَاعَةُ جَمِيعًا / شاپائەتنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر» دېگەن ئايەتكە كەلسەك، مۇفەسسىرلەرنىڭ بايانى ۋە ئايەتنىڭ ئالدى – كەينى سىياقىغا قارىغىنىمىزدا، مۇشرىكلەر شاپائەت تەمە قىلىپ، بۇتلارغا چوقۇنغان. ئۇ بۇتلار ئەسلىدە سالىھ كىشىلەرنىڭ ھەيكەللىرى ئىدى. شۇڭا، ئاللاھ تائالا ئۇلارغا رەددىيە بېرىپ، ئۇ بۇتلارنىڭ ئۆزىمۇ، سالىھ كىشىلەرمۇ ئاللاھ ئىجازەت بەرمىگەن تەقدىردە شاپائەت قىلالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. چۈنكى، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئىجازەت بەرگەن زاتلاردىن باشقا ھېچكىم شاپائەت قىلالمايدۇ. شاپائەتكە ئىجازەت بەرگۈچى ۋە ئۇنى قوبۇل قىلغۇچى يېگانە ئاللاھتۇر. شاپائەت قىلغۇچىلار ئاللاھ ئىجازەت بەرگەن زاتلاردۇر. شاپائەت قىلىنغۇچىلار بولسا ئاللاھ رازى بولۇپ، ئۇلار ھەققىدە شاپائەت قىلغۇچىلارنىڭ شاپائىتىنى قوبۇل قىلغانلاردۇر. شۇڭا، «ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىڭلار، بۇتقا ئىبادەت قىلماڭلار» دېمەكچى. ئۇنداق بولمايدىغان بولسا، ئاللاھ تائالانىڭ ﴿ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئۆزى ئىجازەت بەرگەنلەردىن باشقىغا شاپائەت پايدا بەرمەيدۇ﴾(34/«سەبەئ»: 23)، ﴿ئۇنىڭ ئىجازىتىسىز ئۇنىڭ ھۇزۇرىدا شاپائەت قىلىدىغان كىمكەن بۇ؟﴾(2/«بەقەرە»: 255)، ﴿ئۇنىڭ ئىجازىتىسىز ئۇنىڭ ھۇزۇرىدا شاپائەت قىلىدىغان كىمكەن بۇ؟﴾(21/«ئەنبىياﺋ»: 28)، ﴿مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ ئەھدىگە ئېرىشكەنلەردىن باشقىلار شاپائەت قىلىشقا قادىر بولالمايدۇ﴾(19/«مەريەم»: 87)، ﴿بۇ كۈندە مەرھەمەتلىك ئاللاھ ئىزىن بەرگەن ۋە سۆزىدىن ئاللاھ رازى بولغان ئادەمنىڭ شاپائىتىدىن باشقا ھېچقانداق شاپائەت پايدا بەرمەيدۇ﴾(20/«تاھا»: 109)، ﴿ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان نەرسىلىرى شاپائەت قىلالمايدۇ. پەقەت ھەق بىلەن گۇۋاھلىق بەرگەن (يەنى لا الە الا ﷲ دېگەن، تىلى بىلەن ئېيتقاننى دىلى بىلەن) ھەقىقىي بىلگەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا﴾(20/«تاھا»: 86)… دېگەن ئايەتلىرىچۇ؟ نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ «وَأُعْطِيتُ الشَّفَاعَةَ / مەن يەنە (قىيامەﺕ كۈنى) شاپائەﺕ قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە قىلىندىم»(بۇخارىي 335؛ مۇسلىم 521)، «أَنَا سَيِّدُ وَلَدِ آدَمَ يَوْمَ الْقِيَامَةِ وَأَوَّلُ مَنْ يَنْشَقُّ عَنْهُ الْقَبْرُ وَأَوَّلُ شَافِعٍ وَأَوَّلُ مُشَفَّعٍ / قىيامەت كۈنى مەن ئادەم بالىسىنىڭ خوجىسىدۇرمەن. قەبرىدىن بىرىنچى بولۇپ تىرىلىدىغان كىشى مەندۇرمەن. مەن شاپائەت قىلغۇچى ۋە شاپائىتى قوبۇل قىلىنغۇچىلارنىڭ ئەۋۋىلىدۇرمەن»(مۇسلىم 6079) دېگەن سۆزلىرىچۇ؟! مەزكۇر ئايەتلەر ۋە سەھىھ ھەدىس شەرىفلەر ئاللاھ ئىجازەت بەرگەن زاتلارنىڭ شاپائەت قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەمدۇ؟! ئەجىبا ھەرقايسىلىرى بۇ ئايەتنى مۇتلەق كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئاللاھ ئىجازەت بەرگەن زاتلارنىڭ شاپائەت قىلىشىنى ئىنكار قىلىشامدىلا؟! بۇ مۇشۇ ھەقتىكى ئايەتلەرنى ئىنكار قىلغانلىق بولمامدۇ؟! مەزكۇر ئايەتنى مۇجاھىد قاتارلىق مۇفەسسىرلەر: «يەنى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا پەقەت ئۇ زات ئىجازەت بەرگەنلەرلا شاپائەت قىلىدۇ» دەپ تەفسىرلىگەن. باشقا ئايەتلەر بىلەن بىللە چۈشەنگىنىمىزدىمۇ تەفسىرى شۇنداق چىقىدۇ. ئۇنداقتا نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاللاھ شاپائەت قىلىشقا ئىجازەت بەرگەن زاتمۇ – ئەمەسمۇ؟!
ۋەلھاسىل، مەزكۇر ئايەت «شاپائەتنى قوبۇل قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئىجازەت بېرىش ئاللاھنىڭ ئىلكىدىكى ئىش» دېگەن نۇقتىنى تەكىتلەيدۇ. بۇ دەتالاش نۇقتىسى ئەمەس، شۇڭا ئۇ ئايەتنى مۇددىئايىڭلارغا دەلىل قىلىش توغرا بولمايدۇ. دەلىل كەلتۈرۈلىدىغان نۇقتا، يەنى دەتالاش نۇقتىسى شۇكى: «شاپائەت قىلغۇچى زاتلاردىن شاپائەت تىلىنەمدۇ يوق؟» ھەرقايسىلىرىنىڭ «شاپائەت پەقەت شاپائەت قىلغۇچىدىنلا تىلىنىدۇ» دېگەن مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئاساسەن، «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن شاپائەت سورىلىدۇ» دېمەي ئامال بولمايدۇ. چۈنكى، ئۇ زات يۇقىرىقى نۇرغۇن ئايەت ۋە ھەدىسلەر كۆرسەتكىنىدەك شاپائەت قىلغۇچىدۇر. بۇ سەۋەبتىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستىكىدەك، «قىيامەت كۈنى كىشىلەر توپ – توپ بولۇشۇپ، ھەربىر ئۈممەت ئۆز پەيغەمبىرىگە ئەگىشىپ مېڭىپ: ‹ئى پالانى (پەيغەمبەر)! (بىزگە) شاپائەت قىلغايلا، ئى پالانى (پەيغەمبەر)! (بىزگە) شاپائەت قىلغايلا› دەپ ئاخىرى شاپائەت قىلىش نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە بېرىپ توختايدۇ، ئەنە شۇ كۈن ئاللاھ ئۇ زاتنى بۈيۈك شاپائەت ماقامىغا تۇرغۇزىدىغان كۈندۇر»(بۇخارىي 1475). قىيامەت كۈنى مۇئمىنلەر ئادەم، نۇھ، ئىبراھىم، مۇسا ۋە ئىيسا قاتارلىق ئەنبىيائلاردىن شاپائەت تىلەيدۇ. ئۇ زاتلارنىڭ ئاخىرقىسى:
— مەن ئۆزۈم شاپائەتكە موھتاجمەن، مەندىن باشقا بىرەيلەننىڭ قېشىغا بېرىپ بېقىڭلار، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا بېرىڭلار، — دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مۇھەممەدنىڭ يېنىغا بېرىپ:
— ئى مۇھەممەد (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم)! سەن ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ھەم پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنجىسىدۇرسەن، ئاللاھ سېنىڭ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى بارلىق گۇناھلىرىڭنى مەغفىرەت قىلىۋەتكەن، بىزنى تىلىۋالغان بولساڭ، بىزنىڭ ھالىمىزنى، بېشىمىزغا كەلگەن كۈلپەتنى كۆرمەيۋاتامسەن؟ — دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەن دەرھال بېرىپ ئەرشنىڭ ئاستىغا كېلىپ رەببىم ئەززە ۋە جەللە ئۈچۈن سەجدىگە باش ئۇرىمەن، ئاندىن ئاللاھ ماڭا ئۆزىگە لايىق كېلىدىغان گۈزەل ھەمدۇسانالار خەزىنىسىدىن مەندىن ئىلگىرى ھېچكىمگە ئېچىۋەتمىگەن ئىشىكلەرنى ئېچىپ بېرىدۇ، ئاندىن:
— ئى مۇھەممەد! بېشىڭنى كۆتۈر، سورىغىن بېرىلىدۇ، سۆزلىگىن ئاڭلىنىدۇ، شاپائەت قىل، شاپائىتىڭ قوبۇل قىلىنىدۇ، — دېيىلىدۇ. مەن:
— ئۈممىتىمنى تىلىۋالىمەن، ئى رەببىم! ئۈممىتىمنى تىلىۋالىمەن، ئى رەببىم! ئۈممىتىمنى تىلىۋالىمەن، ئى رەببىم! — دەپ شاپائەت قىلسام، ماڭا:
— ئى مۇھەممەد! ئۈممىتىڭدىن ھېساب – كىتاب قىلىنمايدىغانلارنى جەننەتنىڭ دەرۋازىلىرىدىن ئوڭ تەرەپتىكى دەرۋازىدىن ئېلىپ كىرگىن، باشقا دەرۋازىلاردىن كىرىشتىمۇ ئۇلار باشقىلارغا ئوخشاش كىرەلەيدۇ، — دېيىلىدۇ». كېيىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە: «جېنىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، جەننەتنىڭ دەرۋازا قاناتلىرىدىن ئىككى قاناتنىڭ ئارىلىقى مەككە بىلەن ھىميەر — ياكى مەككە بىلەن بۇسرا — ئارىلىقىدەك ئارىلىق باردۇر» دېدى(بۇخارىي 4712؛ مۇسلىم 194).
دېمەك، قىيامەتتە مۇئمىنلەر مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن شاپائەت تىلەيدۇ ۋە ئۇ زاتنىڭ شاپائىتى قوبۇل قىلىنىدۇ. ئەنبىيائلەردىن ھېچبىرى «شاپائەتنى ئاللاھتىن تىلەڭلار» دېمەيدۇ. نەتىجىدە ئاللاھ تائالا بۇ توغرا تىلەكنى ئىجابەت قىلىدۇ.
2) ئەسەر بار. مىسالغا ئالايلۇق: ئىمام ئىبنى كەسىر مالىكتىن سەنەدى بىلەن رىۋايەت قىلدىكى: «ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خەلىفەلىك دەۋرىدە قەھەتچىلىك يۈز بەرگەن ئىدى، بىر كىشى نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قەبرسىگە كېلىپ: ‹ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئۈممىتىڭ ئۈچۈن ئاللاھتىن يامغۇر تىلەپ بەرگەيسەن. ئۇلار ھالاك بولۇپ كەتتى› دېگەن ئىدى، ئاللاھنىڭ رەسۇلى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭ چۈشىگە كىرىپ، ئۇنىڭغا: ‹ئۆمەرگە بارغىن، ئۇنىڭغا مەندىن سالام يەتكۈزۈپ، ئۇلارغا يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى خەۋەر بەرگىن ۋە ئۇنىڭغا: ”سەگەك ۋە ھوشيار بول“ دېگىن› دېگەن. ئۇ كىشى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قېشىغا كېلىپ چۈشىنى ئېيتىپ بېرىۋىدى، ئۆمەر: ‹كۈچۈم يەتمىگەندە ئاندىن بولدى قىلىمەن› دېگەن». ئىمام ئىبنى كەسىر: «بۇ سەھىھ ئىسنادتۇر» دېگەن. («ئەلبىدايە ۋەننىھايە»، 7/105). ھافىز ئىبنى ھەجەرمۇ («فەتھۇلبارىي»، 2/495) شۇنداق دېگەن.
«قُل لِّلَّهِ الشَّفَاعَةُ جَمِيعًا / شاپائەتنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر» دېگەن ئايەتتە «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قېشىغا بارسا، ئۇ زات مەغفىرەت تىلىسە» دېگەنلىك دەل شاپائەتنىڭ ماھىيىتىدۇر. بۇ ئۇ زاتنىڭ ئاللاھنىڭ ئالدىدىكى مەرتىۋىسى ۋە مەقامىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنى رەسۇلۇللاھنىڭ ۋاپاتىدىن بۇرۇنقى ئەھۋالغا خاس قىلىۋېلىشقا، «مۇقەييەد» قىلىۋېلىشقا ئاساس يوق. شۇڭا، ئايەت مۇتلەق مەنىدە قالىدۇ. ئوسمان ئىبنى ھۇنەيف قاتارلىق ئەسھاب كىراملەرمۇ، ھەزە ئىبنى قاسىم قاتارلىق سەلەفلەرمۇ شۇ بويىچە ئەمەل قىلغان، تۆت مەزھەب ئۆلىمالىرىمۇ شۇنداق چۈشەنگەن. ئىمام قۇرتۇبىي ۋە ئىبنى كەسىر قاتارلىق مۇفەسسىرلەرمۇ تەفسىرلىرىدە مەزكۇر ئايەتنى رەسۇلۇللاھنىڭ ھايات ۋاقتىغا خاس دەپ قەيت قىلمىغان. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «پەيغەمبەرلەر قەبرىلىرىدە ھايات بولۇپ، ئۇلار ناماز ئوقۇيدۇ» دېگەن(ئەبۇ يەئلا 3425؛ بەززار 6888. ئەبۇ يەئلانىڭ ئىسنادى سەھىھتۇر). ئاخىرەتتىكى مۇئمىنلەرنىڭ ۋە ئەنبىيائلەرنىڭ پەيغەمبىرىمىزدىن شاپائەت تىلىشىمۇ ئۇ زاتتىن شاپائەت تىلەشنىڭ جائىزلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
3) نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن شاپائەت تىلەش ھەققىدە يۇقىرىقىدەك ئايەت ۋە ھەدىسلەر، شۇنداقلا ئەسھابلەرنىڭ ئىش – ئىزلىرى بار بولغاچقا، ئۇنىڭ جائىزلىقى تۆت مەزھەبنىڭ كىتابلىرىدا بايان قىلىنغان. ئەلۋەتتە بۇ كېيىنكى ئەسىرلەردىكى كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشى. بۇنى ئىنكار قىلغانلىق ھەقىقەتكە كۆز يۇمغانلىقتۇر. كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىنى دەلىلسىز دېيىش ھەددىنى بىلمەسلىك ۋە تەئەسسۇبىيەتتۇر. ئىلگىرىكىلەردە «جائىز ئەمەس» دەيدىغانلار چىقمىغاچقا، ئۇلارنىڭ دەۋرىدە بۇ مەسىلىنى ئالاھىدە جائىز دېيىشكە ئېھتىياج چۈشمىگەن. شۇڭلاشقا ئۇلاردىن تاكى ئىمام ئىبنى تەيمىييەگە قەدەر بىرەرسىنىڭ «جائىز ئەمەس» دېگەنلىكىنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. «جائىز ئەمەس» دېگەندەك ياۋا قاراش ئوتتۇرىغا چىققاندا، ئاندىن ئالىملار «جائىز» دەپ چىڭ تۇرغان. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پەيغەمبىرىمىزنىڭ تاغىسىنى ۋەسىلە قىلىشى يەنىلا شۇ پەيغەمبەرنىڭ مەقامىنى ۋەسىلە قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس ياكى يامغۇر تىلەشتە شۇنداق بىر كىشىنى ئالدىغا چىقىرىپ تىلەش قائىدە بولۇشى ۋە ياكى پەيغەمبەر ئورنىغا باشقا بىر سالىھ كىشىنى ۋەسىلە قىلسىمۇ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن بولۇشىمۇ ئېھتىماللىقتۇر. يەنە كېلىپ ئۆمەرنىڭ: «بىز پەيغەمبىرىمىزنى ۋەسىلە قىلاتتۇق» دېگەن سۆزى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ۋاپاتىدىن تاكى شۇ كۈنگە قەدەر پەيغەمبىرىمىزنى ۋەسىلە قىلىپ كەلگەنلىكىنىمۇ كۆرسىتىدۇ. بۇ يەنە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ۋاپاتىدىن كېيىنمۇ ۋەسىلە قىلسا بولمايدۇ دېگەنلىكمۇ ئەمەس. شۇڭا، ئەسھابلەر رەسۇلۇللاھنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىنمۇ ئۇ زاتنى ۋەسىلە قىلغان. ئوسمان ئىبنى ھۇنەيف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلدىكى: «بىر ئەما پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ:
— ئاللاھقا دۇئا قىلسىلا، ماڭا شىپالىق بەرسۇن! — دېگەنىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— خاھلىساڭ ساڭا دۇئا قىلاي، خاھلىساڭ سەۋر قىلغىن. بۇ سەن ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشىدۇر، — دېدى. ئۇ ئادەم:
— دۇئا قىلىپ قويسىلا! — دېدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى كامىل تاھارەت ئېلىپ، مۇنۇ دۇئانى ئوقۇشقا بۇيرۇدى: ‹ئى ئاللاھ! مەرھەمەت پەيغەمبىرى بولغان مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن ساڭا يۈزلىنىۋاتىمەن. ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! مەن سېنىڭ ھۆرمىتىڭ بىلەن ئاللاھقا مۇناجات قىلىۋاتىمەن. ئى ئاللاھ! پەيغەمبىرىڭنى مەن ئۈچۈن شاپائەتچى قىلغىن›»(تىرمىزىي 3578. ئىسنادى سەھىھتۇر).
يۇقىرىدىكى ھەدىستىن ئېلىنىدىغان پاكىت شۇكى، ئۇ كىشى نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىنمۇ ئۇ زاتتىن يامغۇر تىلەشنى تەلەپ قىلغانلىقى، ئۆمەرنىڭمۇ بۇنى توغرا تاپقانلىقىدۇر. دېمەك، بۇ يەردىكى مەسىلە نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مەقامى ۋە مەرتىۋىسى ئاساسىدا ئاللاھتىن تىلەشتۇر. بولمىسا ئۆمەر پەيغەمبىرىمىزنىڭ تاغىسىنى دەپ يۈرمەي، ئابباسنى ۋەسىلە قىلىمىز دېسىلا بولاتتى. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مەقامى ۋە مەرتىۋىسى بولسا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ياكى بەرزەخ ئالەمىدە كېمىيىپ قالمايدۇ. شۇڭا، ئۇ زاتنى مەيلى ھايات ۋاقتىدا، مەيلى ۋاپاتىدىن كېيىن، مەيلى بەرزەخ ئالەمىدە بولسۇن، بار چاغدا ياكى يوق چاغدا بولسۇن ئوخشاشلا ۋەسىلە قىلىشقا، ئۇ زاتتىن شاپائەت تىلەشكە بولىدۇ. شۇڭلاشقا ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ نەۋرىسى ھەزە ئىبنى قاسىممۇ باغدادتا يامغۇر تىلىگەندە، ئاق ساقىلىنى سىقىمداپ تۇرۇپ: «ئى ئاللاھ! ھەقىقەتەن مەن ئۆمەر ئىبنى خەتتاب ئاق ساقىلى بىلەن يامغۇر تىلىگەن ئاشۇ كىشىنىڭ ئەۋلادىدىنمەن، شۇڭا بىزگە يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرگىن» دەپ تەكرارلاۋەرگەن ۋە بوۋىسى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ۋەسىلە قىلىۋەرگەندە، يامغۇر ياغقان. بۇ مەشھۇر ۋەقەلىكتۇر(لالەكائىي: «كەراماتۇل ئەۋلىياﺋ» 137 – بەت). ھەنبەلىي مەزھەبتىكى توغرا قاراشتا سالىھ كىشى ۋەسىلە قىلىنىدۇ. ئىمام ئەھمەدمۇ مەرۋەزىيگە يازغان «مەنسەك» رىسالىسىدە: «دۇئادا نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋەسىلە قىلىنىدۇ» دەپ يازغان(مىرداۋىي: «ئەلئىنساف» 2/319). ئىمام ئىبنى قۇدامەمۇ رەسۇلۇللاھنىڭ قەبر شەرىفىنى زىيارەت قىلىش ئادابىنى بايان قىلىپ: «… قەبر شەرىفكە كېلىپ: …مەن ساڭا گۇناھلىرىمدىن مەغفىرەت تىلەپ، سەندىن رەببىمگە شاپائەت تىلەپ كەلدىم… دەيدۇ» دېگەن(«ئەلمۇغنىي» 3/494). ھەتتا ئىمام ئىبنى تەيمىييەمۇ ئىمام ئەھمەدنىڭ يۇقىرىقى قارىشىنى ئىنكار قىلالمىغان ۋە سەلەفلەردىن ۋەسىلە قىلغان ئەھۋاللارنىڭ رىۋايەت قىلىنغانلىقىنى «قائىدە جەلىيلە» 2/199؛ «مەجمۇئۇل فەتاۋا» 1/264 قاتارلىق كىتابلىرىدا بايان قىلغان. شۇنداق تۇرۇقلۇق «سەلەفلەردىن ئەسەر بارمۇ؟» دېيىش ئارتۇقچە.
ھەتتا رەسۇل ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دۇنياغا كەلمەستىمۇ مەدىنە ئەتراپىدىكى يەھۇدىيلەر ئەۋس ۋە خەزرەج قاتارلىق مۇشرىكلەر بىلەن ئۇرۇشۇپ قالسا: «ئى ئاللاھ! بىزگە زامان ئاخىرىدا ئەۋەتىلىدىغان، بىز تەۋراتتا سۈپىتىنى كۆرگەن نەبىي بىلەن نۇسرەت ئاتا قىلغىن!» دەپ دۇنياغا تېخى كەلمىگەن زاتنى ۋەسىلە قىلىشاتتى ۋە نۇسرەت ئاتا قىلىناتتى. بۇنى ئىمام بەغەۋىي «مەئالىمۇتتەنزىل» 1/120 تا، ئەبۇ نۇئەيم «دەلائىلۇننۇبۇۋۋە» 44 دە بايان قىلغان. بۇ ھەقتىكى رىۋايەتلەرنى ئىمام سۇيۇتىي «ئەددۇررۇل مەنسۇر» 1/464 دە تەپسىلىي بايان قىلغان. ئىمام ئىبنۇلقەييىممۇ «بەدائىئۇل فەۋائىد» 4/954 تا شۇنداق دېگەن. بۇ ئاللاھ ئاتالانىڭ ﴿ئۇلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن ئۇلاردىكى كىتاب (تەۋرات) نى تەستىقلايدىغان كىتاب (قۇرئان) نازىل بولغان چاغدا (ئۇنىڭغا ئىشەنمىدى). ئىلگىرى ئۇلار (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ۋاسىتە قىلىپ) كافىرلارغا قارشى ئۆزلىرىگە ياردەم كېلىشىنى تىلەيتتى، ئۇلار بىلىدىغان (يەنى تەۋراتتا سۈپىتى بايان قىلىنغان) پەيغەمبەر كەلگەن چاغدا ئۇنى ئىنكار قىلدى. ئاللاھ كاپىرلارغا (يەنى پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنچىسىنى ئىنكار قىلغان يەھۇدىيلەرگە) لەنەت قىلدى﴾(2/«بەقەرە»: 89) دېگەن ئايەتىدە بايان قىلىنغان.
«سەھىھۇلبۇخارىي»دىكى (1009 -) ھەدىستە «ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئەبۇ تالىبنىڭ مۇنۇ شېئىرىنى ئوقۇغان:
ئاپئاق يۈزى شېپى قىلىنىپ تىلىنۇر يامغۇر، يېتىم – يېسىرلار غەمگۈزارى، تۇللارغىمۇ پاسىبان
يەنى ئابدۇلمۇتتەلىب يامغۇر تىلىگەندە، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى يېنىغا ئېلىپ چىققانلىقى تەسۋىرلەنگەن بېيىتنى ساھابەلەر ئەسلەپ ئوقۇغان. تەبەرانىي رىۋايەتىدە رەسۇلۇلۇللاھ ئەسھابلىرىدىن ئۇ بېيىتنى ئوقۇشنى تەلەپ قىلغان («ئەددۇئاﺋ» 2180).
بۇنىڭدىن 4 – ئېتىرازنىڭمۇ جاۋابى چىقىدۇ.
يۇقىرىقىلار بۇ ھەقتىكى سەلەف سالىھىن ۋە ئۆلىمالارنىڭ ئىش – ئىزلىرى ۋە بايانلىرىدىن ئازغىنە بىر قىسمى بولۇپ، گەپ ئۇزىراپ كەتمەسلىك ئۈچۈن ئىخچاملاشقا تىرىشتىم. سەئۇدىي ئەرەبىستاندا ئوقۇغان قېرىنداشلاردىن ئۆتۈنىدىغىنىم ۋە تەۋسىيەم شۇكى، ئەرەبىستان ئالىملىرى كىرىۋالغان تار ۋە يۈزەكىي، بىر تەرەپلىمە يۆنىلىشتىن قۇتۇلۇشقا تىرىشىپ، ئەھلىسۈننەت ئارىسىدا قاراش پەرقلىق بولغان مەسىلىلەردە تېخىمۇ كەڭ قورساق بولۇش ۋە قارشى پىكىرنى ئاسانلا يوققا چىقارماسلىق، ئىلمىيلىكنى ۋە چوڭقۇر ئىزدىنىشنى، مۇتەسسىبلىكتىن يىراق تۇرۇپ، مىللەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداپ دەردىگە دەرمان بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ دادىل كۈچ چىقىرىش ۋە ئوتتۇرىغا چىقىپ خىزمەتكە ئاتلىنىشتۇر. ئاللاھ ھەممىمىزنى توغرىغا ئەگىشىشكە ۋە ئەمەل قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلغاي!
140 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بىزنىڭ دۇكانغا ئانچە – مۇنچە ئامانەت قويۇپ قويىدىغان ئىشلار بار ئىدى. بىرەيلەن 3 – 4 يىل بۇرۇن بىر تېلېفوننى ئامانەت قويۇپ قويغان ئىدى. لېكىن ئىگىسى ئۇنتۇپ قالدىمۇ ياكى بىر ياققا كېتىپ قالدىمۇ ئامانىتىنى ئالغىلى كەلمىدى. دۇكاندا تۇرۇپ كەتتى ، ئۇنى ئىگىسىگە تاپشۇرۇپ بېرەي دېسەممۇ ئۇ كىشىنى بىلمەيمەن، بۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى بىلەلمەي سىلىدىن سوراي دېگەن. ئاللاھ رازى بولسۇن.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئامانەت (شۇنداقلا ئىگىسىنى تاپقىلى بولمايدىغان تېپىۋېلىنغان، رەنە كەبى) نەرسىلەرنى قىممىتىگە قاراپ مەلۇم مۇددەت ئىگىسىنى كۈتۈپ تۇرۇش، ئىزدەش ۋە ساقلاش باسقۇچىنى بېسىپ ئىگىسىگە تاپشۇرۇشقا تىرىشىڭ. ئىز – دېرىكىنى قىلالماي، ئۈمىد ئۈزۈلسە، ئۇنى ئىگىسىگە ئاتاپ سەدىقە قىلىۋېتىسىز ياكى گۇۋاھلىتىپ مۇسۇلمانلارغا پايدىلىق ئىشلارغا سەرپ قىلىۋېتىسىز ياكى شۇنداق ئىشقا سەرپ قىلىپ قويىدىغان سالىھ كىشىگە تاپشۇرۇپ بېرىسىز. ئەگەر ئۆزىڭىز سەدىقەگە لايىق مۇھتاج كىشى بولسىڭىز ئۇنىڭدىن ئۆزىڭىز پايدىلانسىڭىز ھەم بولىدۇ. يۈك بولمايدىغان بولسا يەنە بىر مۇددەت ساقلاپ قويسىڭىزمۇ مەيلى. مەزكۇر ۋەقەلىكتىكى ئامانەتكە يېتەرلىك مۇددەت ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن بۇزۇلۇپ ياكى قىممىتى يوقۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن يۇقىرىقىدەك بىر تەرەپ قىلىۋېتىش مۇناسىپ. قاچانىكى ئىگىسى كېلىپ سەدىقەگە رازى بولسا بولدى، رازى بولمىسا سەدىقە سىزگە ھېساب بولىدۇ، پۇلىنى ئىگىسىگە تۆلەپ بېرىسىز. ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب.
141 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! مەن ياشاۋاتقان يەردە قۇربانلىق قىلىش مۇمكىن بولمىغاچ، باشقا يەردىكى تونۇشقا قۇربانلىق قىلىپ قويۇشنى ھاۋالە قىلغان ئىدىم. قۇربانلىق قىلىپ قويىدىغان كىشى تۇرۇۋاتقان يەردە ھېيت نامىزى 5 سائەت ئەتراپىدا بۇرۇن ئوقۇلىدۇ. ئۇلار نامازنى ئوقۇپ بولۇپ مېنىڭ ھېيت نامازنى ئوقۇشۇمنى ساقلىماي قۇربانلىقنى قىلىۋەرسە بولامدۇ ياكى ساقلىشى كېرەكمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ھېيت نامىزى بىلەن قۇربانلىقنىڭ ھەر ئىككىسى ئايرىم – ئايرىم ۋاجىب ئىبادەتلەر، ھېيت نامىزىنى ئوقۇغان بولۇش قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن شەرت ئەمەس. ۋاقتى كىرگەن بولۇشى شەرت. ۋەكىل مۇۋەككىلنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان ۋە زەبھ قىلىنىدىغان جاي ئاساس قىلىنىدىغان بولغاچقا، ۋەكىل بار جايدا قۇربانلىق ۋاقتى كىرگەنلىكتىن، قۇربانلىقىنى ۋەكىل ئۆزى تۇرۇۋاتقان يەردە ھېيت نامىزىدىن كېيىن قىلىپ قويسا بولىدۇ. مۇۋەككىلنىڭ دىيارىدا قۇربانلىق ۋاقتىنىڭ تېخى كىرمىگەنلىكى قۇربانلىقنىڭ ئادا بولۇشىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى» (5/92) دە كېلىشىچە، « قۇربانلىق ۋاجىب بولغان كىشى بىر شەھەردە بولۇپ، يېزىدىكى بىرىنى قۇربانلىق قىلىپ قويۇش ئۈچۈن ۋەكىل قىلسا ياكى ئەكسىچە بولسا، ئاساس قىلىنىدىغىنى مۇۋەككىلنىڭ يېرى ئەمەس، زەبھ قىلىنىدىغان يەردۇر. چۈنكى ئىبادەت بولغىنى زەبھ قىلىشتۇر». دېمەك، زەبھ قىلىنىدىغان جاينىڭ ۋاقتى ئاساس. ۋەكىل مۇۋەككىلنىڭ قۇربانلىقىنى مۇۋەككىلنىڭ دىيارىدا قۇربانلىق ۋاقتى كىرگەندىن كېيىن ياكى ھېيتنىڭ 2 – كۈنى قىلىپ قويسىمۇ بولىدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب.
142 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! چېچىمنى كانسەر / راك كېسىلىگە مۇپتىلا بولغان بالىلارغا ئىئانە قىلىشنى ئويلىغان ئىدىم. لېكىن، دىنىي جەھەتتىن توغرا ياكى ئەمەسلىكى ھەققىدە سىزدىن سوراپ باقاي دېدىم.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. كىشى چېچىنى راك كېسىلىگە مۇپتىلا بولغان بالىلار ۋە چوڭلار ئۈچۈن ئىئانە قىلىپ بەرسە بولىدۇ. چاچنى توپلىغان ئورۇن خىمىيىلىك داۋالاش سەۋەبلىك چېچى چۈشۈپ كەتكەن بىمارلارغا كەيمە چاچ ياساپ بەرسە بولىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ مەنىۋىيىتىنى كۈچلەندۈرۈش، مۇسىبىتىنى يەڭگىللىتىش، ۋە كۆڭلىنى ياساش بولغانلىقتىن بۇ خىل ئىئانە ئىنتايىن پايدىلىق ۋە ساۋابلىق ئىنسانىي يار – يۆلەك بولغاندىن سىرت، يەنە بىر خىل پىسخىكىلىق داۋالاشتۇر. سەبىي بالىلار ئۈچۈن تېخىمۇ جائىز. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئىنساننىڭ چېچىنى تاشلىۋەتمەي يەنە بىر ئىنساننى داۋالاشتا ۋە كېسىلىنىڭ تەسىرىنى يەڭگىللىتىشكە ئىشلىتىشتەك ئىنساننى قەدىرلەش ۋە ئىززەتلەش دائىرىسىدىكى گۈزەل ئىش. بۇ ھەرگىزمۇ ھەدىس شەرىفلەردە چەكلەنگەن ۋە لەنەت قىلىنغان چاچ ئۇلاش دائىرىسىگە كىرمەيدۇ. چۈنكى، لەنەت قىلىنغىنى ئاللاھنىڭ ياراتقىنىنى ئۆزگەرتىپ باشقىلارنى گوللاش ۋە ئالداشقا چېتىلغان. بىمارلار ئۈچۈن تەييارلانغان كەيمە چاچ بولسا ئىنساننىڭ ئەيىبنى يېپىش ۋە ئاللاھ ياراتقان ئەڭ چىرايلىق شەكىلگە قايتۇرۇشتىن ھالقىمايدۇ. شۇنداق بولغانىكەن، ئىئانە قىلىنغىنى ئايال كىشىنىڭ چېچى بولغان تەقدىردىمۇ، تەندىن ئايرىلغان چاچنى ياتلارنىڭ تۇتۇشى ۋە ئۇنىڭغا قارىشى چەكلەنمىگىنىدەك، ئۇ چاچ بىلەن ناماز ئوقۇشمۇ چەكلەنمەيدۇ. پەقەتلا ئىنساننىڭ ھۆرمىتى سەۋەبلىك چاچنى ۋە تەننىڭ باشقا ئەزالىرىنى پۇلغا سېتىش چەكلىنىدۇ. دېمەك، فىقھىي ھۆكۈم ئەخلاقتىن ۋە ئىنسانچىلىقتىن قەتئىي ئايرىلمىغىنىدەك، ئايەت – ھەدىسلەرنى بىز ياشاۋاتقان دەۋرگە تەتبىقلاش جەھەتتىن ھەر ئىككىسىنى شەخسىي ھاۋايى – ھەۋەسكە ئەگەشمىگەن ئاساستا چوڭقۇر چۈشىنىشنى تەقەززا قىلىدۇ. ئەلۋەتتە. ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب.
143 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ قەيەردە؟ بۇ توغرىدا 1300 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بېرى تالاش – تارتىش تۈگىمەيۋېتىپتۇ. مۇشۇ سوئالىمغا كەسكىن، دەلىل – ئىسپاتلىق جاۋاب بولسا، خەبەرلەندۈرگەن بولسىلىرى؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ! «ئاللاھ قەيەردە» دېگەن بۇ سوئال بىلەن ئىبتىداسى (باشلىنىشى)، ئىنتىھاسى (ئاخىرلىشىشى) ۋە ماكانى بولغان مەخلۇق بولمىش مەۋجۇد شەيئىنىڭ ئورنى سورىلىدۇ. ئەمما، چېكى بار ماكاندىن ھالقىغان، ماكاننى ياراتقۇچى ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ھەققىدە: «ئاللاھ قەيەردە» دەپ سوراش لوگىكىلىق خاتالىق بولىدۇ. چۈنكى، ئورۇن بىلەن ماكان يوقتىن بار بولغان ھادىستۇر. ھادىس بولمىش ئورۇن ياكى ماكانغا موھتاج بولغان شەيئى ئاللاھ بولمايدۇ. ئىنسانغا ئوخشىغان ماكان چەكلىمىسىگە ئۇچرايدىغان، ماكان چېكى بىلەن يارىتىلغان مەخلۇقاتلارلا ئورۇن ياكى ماكانغا موھتاج بولىدۇ. ئاللاھنى چېكى بار بىر ئورۇندا دەپ قاراشتىن ئۇ زاتنىڭ ماكانغا موھتاجلىقى كېلىپ چىقىدۇ. مۇھتاجلىق كەمتۈكلۈكتۇر.
ھەدىستە دېيىلگىنىدەك، «ئاللاھ بولسا ئەزەلدە بار ئىدى، ئاللاھتىن باشقا ھېچ نەرسە ئۇنىڭ بىلەن مەۋجۇد ئەمەس ئىدى»(بۇخارىي 3191). ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿ئۇنىڭ ئوخشىشىدەك ھېچبىر نەرسە يوقتۇر، ئۇ يەنە ئاڭلىغۇچى ۋە كۆرگۈچىدۇر﴾(42/«شۇرا»: 11) دېگەن ئايەتىمۇ ئۇ زاتنىڭ ماكانغا ئېھتىياجى بار مەخلۇقاتقا ئوخشىمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، بۇ سوئال ئاللاھ تائالانى ماكان ياكى ئورۇندا بولىدىغان شەيئى يەنى يارىتىلمىش مەخلۇق دېگەن خاتا پەرەز ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇپ، مەزكۇر سوئالدا يارىتىلغۇچى شەيئىگە قارىتىلىدىغان سوئال ياراتقۇچى ئاللاھقا قارىتىلىپ قالغان. نەتىجىدە سوئالدا ئاللاھنى ھەم ياراتقۇچى، ھەم يارىتىلغۇچى دېيىشتىن ئىبارەت يەنە بىر لوگىكىلىق زىتلىقمۇ ئايان بولىدۇ. ئىنسان تەسەۋۋۇرىدىكى ئاللاھنى مەخلۇقاتقا ئوخشىتىپ قويىدىغان ھەرقانداق تەسەۋۋۇر ۋە ئويدىن ئاللاھ تائالا پاكتۇر. ھېچنەرسە ئۇ زاتقا ئوخشىمايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئىنسان چەكلىك ئەقلى ئىقتىدارى بىلەن چەكسىزنى تەسەۋۋۇر قىلالمايدۇ. ئىنساننىڭ ئەقلى ئاللاھنىڭ زاتىنى ئىدراك قىلىشتىن ئاجىزدۇر. بۇ سەۋەبتىن ئىنساننىڭ ئاللاھنىڭ قەيەردىلىكىنى ئىزدىنىشى تەلەپ قىلىنمايدۇ. لېكىن، ئۇلۇغلۇق ۋە مەرتىۋە ئۈستۈنلۈكىنى كۆزدە تۇتۇپ ۋە مەخلۇقاتقا ئوخشاپ قېلىشتىن پاكلىقىنى ئىسپاتلىغان ئاساستا، «ئاللاھ ئۈستۈندە ياكى ئاسماندا ياكى ئەرشىدە» دېسە، جاۋاب توغرا بولىدۇ.
«يېگانە ياراتقۇچى» ناملىق كىتابىمىزدا دېيىلگىنىدەك: «ئۇ زات بارلىق مەۋجۇداتنىڭ كېلىش مەنبەسىدۇر. شۇ سەۋەب، بارلىق مەۋجۇداتنىڭ مەۋجۇد بولۇشى ئالدى بىلەن ئۇ زاتنىڭ مەۋجۇد بولۇشىغا قاراشلىق بولغاندۇر. ئۇ زاتنىڭ مەۋجۇدلۇقى ھەممىدىن ئىلگىرى ۋە ئەزەلىي بولغىنىدەك، ئەبەدىي ۋە باقىيدۇر. ئۇ ‹قەيەردە؟› دېيىشلەردىن مۇستەسنادۇر. ناۋادا ئۇ زاتنىڭ مەۋجۇدلۇقىغا ‹قەيەردە؟› دېگەن سوئال تاشلانسا، سوئالنىڭ جاۋابى ‹ئۇ زاتنىڭ مەۋجۇدلۇقى ماكاندىن ئىلگىرى ئىدى، زامان ۋە ماكان ھەر ئىككىسى ئۇنىڭ مەخلۇقى ئىدى› دېيىش بىلەن تۈگەللىنىدۇ. ئاللاھ فىزىكا سىرتىدىكى مەۋجۇدىيەت. ئۇنداق ئىكەن، ئۇنىڭ تەرىپىدىن يوقتىن بار قىلىنغان مەۋجۇداتلارغا قوللىنىلغان قانۇنىيەتلەر ئۇنىڭغا تەتبىقلانمايدۇ. ھېچقانداق ئوخشىشى يوق زات ماكاننىڭ پەيدا قىلغۇچىسى. شۇنداق ئىكەن، ئۇ يوقتىن بار قىلغان مەۋجۇداتلاردىكى قانۇنىيەتلەرنىڭ ئۇنىڭغا تەتبىقلانمايدىغانلىقى پاكىت تەلەپ قىلمايدىغان ھەقىقەتتۇر». ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب.
144 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سۈنئىي ئەقىلدىن پەتىۋا سوراش جائىزمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئالىملاردىن «پەتىۋا ساھەسىدە سۈنئىي ئەقىلدىن مۇتلەق پايدىلىنىشقا بولمايدۇ» دەپ قارايدىغانلار بولسىمۇ، بىر قىسىم ئالىملارنىڭ قارىشىچە، ئەگەر سۈنئىي ئەقىل پروگراممىسىغا قاچىلانغان مەلۇماتلار توغرا بولۇپ، سۈنئىي ئەقىل پروگراممىسىنى ئىشلىگەن ئورۇن ئىشەنچلىك بولۇپ، سوئال ئوبيېكتى «نامازلارنىڭ ۋاقتى، روزىنىڭ چەكلىمىلىرى ۋە قەسەم كەففارىتى» دېگەندەك بىرەر شەخسنىڭ ئەھۋالىغا ۋە شارائىتىغا قارىتا پەرقلىق بولمايدىغان، كىشىنىڭ تەۋە بولغان ئۆرپ – ئادەتكە چېتىلمايدىغان ۋە پايدىلىق – زىيانلىق تەرەپلەرنى سېلىشتۇرۇشقا قاراشلىق بولمايدىغان بولسا، سۈنئىي ئەقىلدىن پەتىۋا سوراپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ. ئەمما، ئۆرپ – ئادەتكە چېتىلىدىغان، پايدىلىق – زىيانلىق تەرەپلەرنى سېلىشتۇرۇشقا قاراشلىق بولغان، نىيەت ۋە تۈرلۈك شارائىتلارغا، شۇنداقلا شەخس، زامان ۋە ماكانغا قاراپ جاۋاب باشقىچە بولىدىغان مەسىلىلەردە پەتىۋا ھەربىر شەخسنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا پەرقلىق بولىدىغان بولغاچقا، سۈنئىي ئەقىلدىن بۇ تۈرلۈك پەتىۋالارنى سوراشقا بولمايدۇ. شۇ سەۋەبلىك، «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى»مۇ سۈنئىي ئەقىل پروگراممىسىدا پەتىۋا سۇپىسى ئېلان قىلىشنى مۇناسىپ كۆرمىگەن. مۇبادا سۈنئىي ئەقىل پروگراممىنى ئىشلىگەن ئورۇن ئەقىدە، ئەخلاق، ئائىلە ۋە پىكىر مەسىلىلىرىدە ئىسلامدىن يات بولغان يۆنىلىشلەرگە يۈزلەندۈرىدىغان ياكى غەيرى ئېتىقادقا يان باسىدىغان خىتتاي ۋە خرىستىيان قاتارلىق كافىرلار ياسىغان پروگراممىلار بولسا، ئۇنىڭدىن پەتىۋا سوراش تېخىمۇ زىيانلىق بولىدۇ. يېقىندا بەزىلەرنىڭ سىناق قىلىشىچە سۈنئىي ئەقىل بەزى «ئايەت»، «ھەدىس» لەرنى يوقتىن ياساپ چىققان، مەنبەلەرنى ئالماشتۇرىۋەتكەن ۋە بەزى مەلۇماتلارنى ئەمەس مەنبەگە مەنسۇپ قىلغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈنگەن، دېيىلىدۇ. شۇڭلاشقا، سۈنئىي ئەقىلدىن شەرئىي پەتىۋا سوراشتا ئەمەس، تۈرلۈك مەلۇماتلارغا قاراپ بېقىش، ئويلاپ باقمىغان تەرەپلىرىگە دىققەت قىلىش ۋە ئىزدىنىپ تەتقىق قىلىشتا قوشۇمچە ئورۇندا پايدىلىنىش بىلەن كۇپايىلىنىش مۇناسىپ. ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب.
145 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! تۈركىيە شەھەرچىلىك مىنىستىرلىكى ۋە توكى (TOKİ) بىرلىشىپ، سېرتىفىكا توپلاپ ئۆي سېتىۋالىدىغان ئىشنى يولغا قويۇپتۇ، «ئۆسۈمسىز» دەۋاتىدۇ. سىلىچە دۇرۇس بولارمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. مېنىڭ ئىزدىنىشىمچە داملا كەنت پىلانى سەرمايە ھەسسىدارلىقى ئاساسىدىكى ئىستىسنا (بۇيرۇتما سودا) زايومى ئىكەن. سېرتىفىكا بازارغا سېلىنغاندا بىر ئۆي كەلگۈدەك زايومنى تولۇق سېتىۋېلىپ، كېيىن ئۇنىڭغا ئۆي سېتىۋالسا بۇ جەھەتتىن جائىز كۆرۈنىدۇ. بۇنىڭدا باھا ئېنىق ۋە ئۆسۈمسىز بولغاچقا مەسىلە يوق.
ئەمما، بىر ئۆي كەلگۈدەك زايوملارنى تولۇق سېتىۋالماي، بىر قىسمىنى سېتىۋالغان تەقدىردە، زايوملارنىڭ باھاسى بورسىدا ئېلىم – سېتىم قىلىنىش جەريانىدا مۇقىم بولمىغانلىقتىن، بىر ئۆي ئاخىرىدا قانچە پۇلغا توختايدىغانلىقى جەھەتتىن ئېنىقسىزلىق بار. بۇ ئېنىقسىزلىق يەنە بىر ئۆيگە لايىق زايوم توپلىيالمىغانلارنىڭ مەلۇم بىنادىكى بىر ئۆينىڭ بىر پارچىسىغا ئەمەس، بەلكى ئومۇم پىلاندىكى ئۆيلەرنىڭ مەلۇم بىر قىسمىغا ئورتاق ئىگە بولۇشتەك ئېنىقسىزلىق بىلەن بىرگە، پىلان تاماملانغاندا يا ئۆيگە ئېرىشىش ((asli edim، يا زايوملارنى بورسادا سېتىۋېتىش ۋەيا ئۆي كىمئاشتى قىلىپ سېتىلىپ پۇلىنى زايوم ئىگىلىرىنىڭ ئېلىشى (tali edim) دەك مۇقىم بىر ئىشقا تىكىشى توختىمىغان ئېنىقسىزلىقلار بىلەن تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ. يەنە بۇ زايوملار قەرز ھۆججىتىگە ئوخشاپ قېلىش جەھەتتىنمۇ ئۇنى ئېلىپ – سېتىشتا كۆڭۈل خاتىرجەمسىزلىكىدىن خالىي بولمايدۇ. بۇ سەۋەبلىك تۈركىيەدىكى بەزى پەتۋا ئورۇنلىرى بۇلارنى ئېلىپ – سېتىشنى جائىز دېمىگەن. يەنە بەزى ئورۇنلار: «جازانە سودىلارنىڭ ئورنىغا باشقىچە يەڭگىلرەك چارە سۈپىتىدە ئۆي سېتىۋېلىش نىيىتىدە بۇ زايوملارنى ئېلىشنى جائىز، ئۆي سېتىۋېلىش نىيىتى بولماستىن، پايدىنى كۆزلەپ زايومنى ئېلىپ – سېتىشنى ھارام ياكى مەكرۇھ» دەپ پەتۋا بەرگەن.
مېنىڭچە بۇ سودىدا ئېنىقسىزلىق ئاساسلىق مەسىلە بولسا كېرەك. ئەمما، قۇرۇلۇش باشلانغاندىن كېيىن ئۆي سېتىۋېلىش نىيىتى بولمىسىمۇ، زايوملارنى ئېلىپ – سېتىشتا مەسىلە يوق. پەقەتلا ياسىلىۋاتقان بىنا ياسىلىشقا باشلىماستىنلا زايوملارنى ئارتۇق ياكى كەم باھادا قولدىن قولغا يۆتكەشكە بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ قەرزنى قەرزگە سېتىش ياكى ساتقۇچىنىڭ قولىدا يوق نەرسىنى سېتىشتۇر.
شۇنداقتىمۇ بۇنى ئويلىشىۋاتقان قېرىنداشلارنىڭ بۇ ئىشقا كىرىشتىن ئاۋۋال شەرئىي ھۆكمى بىلەن بىرلىكتە ئىقتىسادىي ۋە تىجارىي ئۈنۈمىنى، زايومنى ئېلىپ – سېتىشتىن تاپقان پايدىغا مەلۇم پىرسەنتتە باج تۆلەيدىغانلىقى، پۇلنىڭ پاخاللىشىشى، زايوملارنى ئېلىپ – سېتىشقا تەسىر كۆرسىتىدىغان ياسالما تەشۋىقاتلار قاتارلىق پايدىلىق ياكى زىيانلىق تەرىپىنى سالماقلىق بىلەن ئويلىنىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب.
146 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! تۈركلەر نىمىشقا ئەسىردىن بۇرۇن ۋە خۇپتەننىڭ پەرزىدىن بۇرۇن 4 رەكەت سۈننەت ئوقۇيدۇ؟ بىز ئوقۇمايمىز ھەتتاكى ھاياتىمىزدا بۇنداق سۈننەتنىڭ بارلىقىنى ئاڭلاپمۇ باقمىغانمىز. مەزھەبىمىزمۇ ئوخشاش بولسا بۇ پەرق نەدىن كىلىدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. نەفلە ئاتالغۇسى شەرىئەتتە قايسى ئىبادەتكە قارىتا ئېيتىلسا شۇ ئىبادەتنىڭ پەرز ۋە ۋاجىبدىن سىرت ئارتۇق ئادا قىلىنغان مۇستەھەب، سۈننەت، تەكىتلەنگەن سۈننەت ۋە تەشەببۇس قىلىنغان سۈننەت (مەندۇب) قاتارلىق تەرغىب قىلىنغان تۈرلىرىنى كۆرسىتىدۇ. «تەكىتلەنگەن سۈننەت» پەرز، ۋاجىبتىن باشقا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تاشلىماي، ئىزچىل ئورۇنداپ كەلگەن ئەمەلنى كۆرسەتسە، «تەكىتلەنمىگەن سۈننەت» بەزىدە قىلىپ بەزىدە قىلمىغان ئەمەلنى كۆرسىتىدۇ. «تەكىتلەنگەن سۈننەت» ئاتالغۇسى بىلەن بىر قاتاردا كېلىدىغان «السنن الرواتب» دېگەن يەنە بىر ئاتالغۇ بار بولۇپ، بۇلار پەرز نامازلارنىڭ ئالدى – كەينىدە ئوقۇلىدىغان سۈننەت نامازلاردۇر. بۇنىڭ قاتارىغا ئەسىرنىڭ ئالدىدىكى تۆت ياكى ئىككى رەكئەتكە ئوخشىغان تەكىتلەنمىگەن سۈننەتمۇ كىرىدۇ.
«ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ‹پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەسىرنىڭ پەرزىدىن بۇرۇن ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇيتتى› دېگەن». (ئەبۇ داۋۇد 1272. «ھەسەن») يەنە: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەسىرنىڭ پەرزىدىن بۇرۇن ئىككى رەكئەت ـ ئىككى رەكئەتتىن قىلىپ، جەمئىي تۆت رەكئەت ناماز ئوقۇيتتى، ـ دېگەن». (تىرمىزىي 429. «ھەسەن») يەنە: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئەسىرنىڭ پەرزىدىن بۇرۇن تۆت رەكئەت ناماز ئوقۇغان كىشىگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!» دېگەن. (تىرمىزىي 430. «ھەسەن» دېگەن) ئەمما، بۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىزچىل داۋاملاشتۇرمىغان بولغاچقا تەكىتلەنگەن سۈننەت دائىرىسىگە كىرمەيدۇ. بەلكى مۇستەھەبتۇر.
شامنىڭ پەرزىنىڭ ئالدىدا ئوقۇلىدىغان ئىككى رەكئەت نامازمۇ شۇنداق. «شامدىن ئىلگىرى ناماز ئوقۇڭلار» دېگەن سۆزىنى تەكرارلاپ كىشىلەرنىڭ ئۇنى (ئىزچىل ئوقۇلىدىغان) سۈننەت قىلىۋېلىشىنى ياقتۇرمىغانلىقتىن، ئۈچىنچى قېتىمدا: «بۇ خاھلىغانلار ئۈچۈندۇر» دېگەن (بۇخارىي 1183 ).
پېشىندىن كېيىن تۆت رەكئەت ئوقۇش مۇستەھەبتۇر. يەنى بۇنىڭ ئىككى رەكئەتى تەكىتلەنگەن سۈننەت، ئۇنىڭغا يەنە ئىككى رەكئەت قېتىش مۇستەھەب. ئۇممۇ ھەبىيبە رەزىيەللاھۇ ئەنھا دەيدۇ: «مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: ‹كىمكى پېشىننى ئوقۇشتىن ئاۋۋال تۆت رەكئەت، ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن تۆت رەكئەت ئوقۇشنى قولدىن بەرمىسە، ئاللاھ ئۇ كىشىنى دوزاخقا ھارام قىلىدۇ› دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغانىدىم». (ئەبۇ داۋۇد 1369. «ھەسەن».)
شامدىن كېيىن ئالتە رەكئەت ناماز ئوقۇش مۇستەھەبتۇر. يەنى شامنىڭ پەرزىدىن كېيىنلا ئوقۇلغان ئىككى رەكئەت تەكىتلەنگەن سۈننەت، ئۇنىڭدىن كېيىنكى تۆت رەكئەت ناماز مۇستەھەبتۇر. شامدىن كېيىن ناماز ئوقۇشنىڭ كىشىنى نۇرغۇن پەزىلەتكە نائىل قىلىدىغانلىقى ھەققىدە رىۋايەتلەر كەلگەن. بەزى ئالىملار: «ئۇ ‹كېچىدە قىيامدا تۇرۇش›تۇر ھەمدە ‹سالاتۇل ئەۋۋابىين (ئىتائەتمەنلەر نامىزى)› دەپ ئاتىلىدۇ» دېگەن.
ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلدىكى: «مەن ناماز شامنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن ئوقۇدۇم. رەسۇلۇللاھ ناماز شامدىن كېيىن خۇپتەنگىچە ناماز ئوقۇدى» (نەسائىي 380. «ھەسەن»).
«ئۇ كۈنى شامنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئوقۇدۇم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شامدىن كېيىن ناماز ئوقۇدى، ئاندىن خۇپتەننىمۇ ئوقۇپ، ئۆيىگە قايتتى» («تىرمىزىي»، 3781. «ھەسەن»).
بۇ ھەقتىكى ھەدىسلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە زەئىفلىك بولسىمۇ ئەمما سانى ئىنتايىن كۆپ. شۇڭا، ئالىملار بۇ ھەقتىكى ھەدىسلەرنىڭ سانىنىڭ كۆپلۈكى بىر – بىرىنى كۈچلەندۈرۈپ ئەمەل قىلغىلى بولغىدەك دەرىجىگە ئىگە بولىدۇ دەپ ئەمەل قىلغان. يۇقىرىقى ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىمۇ ئەمەل قىلىشقا بولىدىغان ھەدىستىندۇر. بۇنى يەنە ئەسھاب كىراملەر ۋە سەلەف – سالىھلارنىڭ ئىش – ئىزلىرى كۈچلەندۈرىدۇ. مەسىلەن: ساھابەلەردىن ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد ، ئىبنى ئۆمەر، ئەنەس ئىبنى مالىك، سەلمان فارىسىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنىڭ شامدىن كېيىن ناماز ئوقۇغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان. تابىئىنلاردىن ئەسۋەد ئىبنى يەزىد، ئىبنى ئەبىي مۇلەيكە، سەئىد ئىبنى جۇبەير، مۇھەممەد ئىبنى مۇنكەدىر، ئەلى ئىبنى ھۇسەين، قازى شۇرەيھ ۋە ئۇلاردىن باشقا ئىماملاردىن يەنە سۇفيان سەۋرىي قاتارلىقلار شامدىن كېيىن ناماز ئوقۇغان («نيل الأوطار»، 3/67). ئىمام زەينۇلئابىدىن شامدىن كېيىن ناماز ئوقۇپ: «مانا بۇ ئايەتتىكى ﴿شۈبھىسىزكى، كېچىدە تۇرۇش مۇۋاپىق كېلىش جەھەتتىن ئەڭ ئۈنۈملۈك، ئوقۇش جەھەتتىن ئەڭ توغرىدۇر﴾ («مۇزەممىل»، 6) دېيىلگەن نامازدۇر» دېگەن («تفسير البغوي»، 4/408).
خۇپتەندىن بۇرۇن تۆت رەكئەت ناماز ئوقۇش مۇستەھەب. بەزى قاراشتا: «ئىككى رەكئەت ئوقۇش مۇستەھەب» دېيىلگەن. بۇ ھەنەفىي مەزھەبتىكى ئىمام كەرخىينىڭ قارىشىدۇر. بىراق تۆت رەكئەت ئوقۇش مۇستەھەب دەپ بېكىتىلگەنلىكى «ظاهر الرواية»دە كەلمىگەن. ئىمام مۇھەممەد ئىبنى ھەسەننىڭ «ظاهر الرواية»نىڭ «كتاب الصلاة» دېگەن بابىدا: «خۇپتەندىن بۇرۇن مانچە رەكئەت نەفلە دەپ يوق، بىراق ئوقۇسا مەيلى» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان. شۇڭا، ھەنەفىي مەزھەبكە ۋەكىللىك قىلىدىغان «ظاهر الرواية»دە كەلگىنى بويىچە ئېيتقاندا، خۇپتەندىن بۇرۇن تۆت رەكئەت ئوقۇش مۇستەھەب دەپ بېكىتىلمەيدۇ. ئەمما، خاھلىغانچە نەفلە ئوقۇسا بولىدۇ. ھەنەفىي مەزھەبتە «ظاهر الرواية»دە كەلگەن قاراش كۈچكە ئىگە («تحفة الفقهاء»، 1/195).
خۇپتەندىن كېيىن تۆت رەكئەت ئوقۇش مۇستەھەبتۇر. بەزىلەر: «ئىككى رەكئەت ئوقۇش مۇستەھەب» دېگەن. يەنى بۇنىڭ ئىككى رەكئەتى تەكىتلەنگەن سۈننەت، ئۇنىڭغا يەنە ئىككى رەكئەت قېتىش مۇستەھەب. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا دەيدۇ: «رەسۇلۇللاھ خۇپتەننى جامائەت بىلەن ئوقۇپ بولۇپ ئائىلىسىگە قايتىپ تۆت رەكئەت ئوقۇيتتى. ئاندىن ياتاتتى» (ئەبۇ داۋۇد 1346. «ھەسەن»).
خۇپتەندىن كېيىن تۆت رەكئەت ئوقۇغانلىقى «سەھىھۇلبۇخارىي»دا مۇنداق رىۋايەت قىلىنغان: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ﯞﻩسەللەﻡ خۇپتەننى ئوقۇپ بولۇپ (مەسجىدتىن) ئۆيىگە كېلىپ، تۆﺕ ﺭﻩكئەﺕ ناماﺯ ئوقۇﭖ ئۇخلىدﻯ.» («بۇخارىي»، 117).
يەنە ساھابەلەردىن ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ، ئائىشە، ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردىن خۇپتەندىن كېيىن تۆت رەكئەت ئوقۇش ھەققىدە «مەۋقۇف»، ئەمما سەھىھ رىۋايەتلەر كەلگەن (ئىبنى ئەبى شەيبە 7273، 7275). بۇ رىۋايەتلەر «مەرفۇﺋ» ھەدىسنىڭ ھۆكمىدە دېيىشكە تامامەن بولىدۇ.
جۈمەنىڭ ئالدىدا تۆت رەكئەت، كەينىدە تۆت رەكئەت ناماز ئوقۇيدۇ. ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇشۇنداق رىۋايەت قىلىنغان (ئىبنى ئەبى شەيبە 5369، سەھىھ)
ھەنەفىي مەزھەبتىكى يەنە بىر قاراشتا: «جۈمەدىن كېيىن ئىككى سالام بىلەن ئالتە رەكئەت (يەنى تۆت رەكئەتتە بىر سالام بېرىپ ئاندىن ئىككى رەكئەت) ئوقۇش بار» دەپ كەلگەن. ئالتە رەكئەت توغرىلىق ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىنمۇ ھەدىس نەقىل قىلىنغان (ئابدۇرراززاق 5524 – 5525، تىرمىزىي 523، سەھىھ) بۇ ئىمام ئەبۇ يۈسۈفنىڭ قارىشىدۇر.
يۇقىرىقىلار بىزنىڭ ھەنەفىي مەزھەب كىتابلىرىنىڭ مۆتىۋەرلىرىدىن «ئەلئىختىيار»دا ۋە ئۇنىڭ شەرھىدە كەلگەندۇر.
بۇ خىل نەفلە ۋە تەكىتلەنمىگەن سۈننەت نامازلارنى دىيارىمىزدا بۇرۇندىن ئوقۇپ كەلگەن. لېكىن يېقىنقى زامانلاردا كۆپىنچە ۋەزخان ۋە تەبلىغچىلەر ھەنەفىي مەزھەب قارىشىنى گويا سەھىھ ھەدىسكە تايانمىغاندەك قارىۋېلىپ خاتا تەشۋىق قىلىشى ياكى بۇ نامازلار ھەققىدە تەرغىبات قىلماسلىقى سىز دېگەن بۇ ھەقتىكى نادانلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا كېرەك. ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب.
147 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ۋەتەندىكى خانىملار ئىشلىگەن بېشى، بىلەكلىرىمۇ ئوچۇق ھالەتتىكى سىنلارنى چۈشۈرۈپ تارقىتىش جائىزمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ۋەتەندىكى ياكى باشقا جايلاردىكى قىز – خانىملارنىڭ بېشى، بويۇن – بىلەكلىرى ئوچۇق ھالەتتىكى سىن – سۈرەتلەرنى ئاياللارغىلا تارقىتىش، ھەمبەھىرلەش جائىز. يات ئەرلەرگە تارقىتىش جائىز ئەمەس. شۇڭا، ئۇنداق سىن – سۈرەتلەرنى يات ئەرلەرگە تارقاتماسلىق لازىم، يات ئەرلەرمۇ ئۇنى كۆرمەسلىكى كېرەك. بۇنىڭدىن ۋەتەندىكى ئېغىر ئەھۋالنى ۋە زۇلۇمنى ئىسپاتلاش ۋە ھەرتۈرلۈك تەتقىقات ۋە تەشۋىقات ئۈچۈن ئۇنىڭدىن باشقىسى تېپىلمىغاندا، زۆرۈرىيەت ۋە ئېھتىياج سەۋەبىدىن پايدىلىنىلغان سىن – سۈرەتلەرلا مۇستەسنا. ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب.
148 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ مۇسۇلمان كىشى بىلىپ – بىلمەي دىندىن چىقىدىغان سۆزلەرنى قىلىپ تاشلىغان بولسا، ئۇ سۆزلەرنىڭ ئۆزىنى دىندىن چىقىرىدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن تەۋبە قىلغان بولسا، ئاشۇ سۆزلەرنى قىلىش بىلەن ئىلگىرىكى ئەمەللىرى بىكار بولۇپ كېتەمدۇ؟
4/«نىساﺋ» سۈرىسىنىڭ بىر ئايىتىدە ئاللاھ تائاﻻنىڭ ئۆزىگە شېرىك كەلتۈرگەن كىشىنى كەچۈرمەيدىغانلىقى ھەققىدە ئايەت بار ئىكەن، ئۇنداقتا بىر مۇسۇلمان يىللار بويى مۇسۇلمان ھالىتىدە ياشاپ، شۇ جەرياندا ناماز، روزا، ھەج قاتارلىق ئىبادەتلەرنى قىلىپ، كېيىنچە ياۋروپاغا كېتىپ شۇ يەردە ياشاش جەريانىدا ئىسلام دىنىدىن چىقىپ خرىستىيان بولۇپ كەتكەن بولسا، شۇ ھالىتىنى مەلۇم ۋاقىت داۋاملاشتۇرۇپ ، ئاللاھ تائاﻻنىڭ ئۇ كىشىگە ھىدايەت بېرىشى بىلەن ئۆزىنىڭ خاتا قىلغانلىقىنى بىلىپ ياۋروپادىن مۇسۇلمانلار كۆپ بولغان دۆلەتكە كېتىپ، قايتىدىن مۇسۇلمان بولۇپ، ئىلگىرىكىدەك مۇسۇلمانلىق ھالىتىگە قايتقان بولسا:
1. 4/«نىساﺋ» سۈرىسىدىكى يۇقىرىقى ئايەت بىلەن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىكى، ئىسلام دىنىدىن چىقىپ كەتكەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ گۇناھى كەچۈرۈلمەمدۇ؟ ناۋادا كەچۈرۈم قىلىنسا، ئۇنداقتا 4/«نىساﺋ» سۈرىسىدىكى ئۇ ئايەتنى قانداق چۈشىنىمىز؟
2. ئۇ كىشىنىڭ ئىلگىرىكى مۇسۇلمان ۋاقتىدا قىلغان 10 نەچچە يىللىق بارچە ئەمەللىرى بىكار بولۇپ كېتەمدۇ؟ ناۋادا بىكار بولۇپ كەتسە، ئوقۇغان نامازلىرىنىڭ قازاسى، تۇتقان روزىلىرىنىڭ قازاسى قىلىنامدۇ؟
3. مۇسۇلمان ۋاقتىدا پەرز ھەجنىمۇ ئادا قىلىپ بولغان بولسا، كېيىن قايتىدىن ھەج قىلىشى لازىممۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق.
1. مۇسۇلمان كىشى دىندىن چىقىدىغان سۆزلەرنى مەنىسىنى بىلمەي ياكى ئۇنى مەقسەت قىلماي ياكى تىلى خاتالىشىپ، قىلىپ تاشلىغان بولسا، بۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى كافىر بولۇپ كەتمەيدۇ. ئاللاھ تائاﻻ: ﴿… لېكىن قەستەن ئىچكەن قەسىمىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەﺭنى جاﺯﺍغا تاﺭتىدﯗ﴾(2/«بەقەرە»: 225)، ﴿سىلەر سەۋەنلىكتىن قىلىپ سالغان ئىشلاردا سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ﴾(33/«ئەھزاب»: 5) ﺩېگەﻥ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ھەركىمگە نىيەت قىلغىنىلا بولىدۇ»(بىرلىككە كېلىنگەن. بۇخارىي 1؛ مۇسلىم 1907) دېگەن بولۇپ، ئويلانمايلا خاتا دەپ سالغان كىشى نىيەت قىلمىغانلىقتىن، گۇناھكار بولمايدۇ.
ئەمما بىلىپ تۇرۇپ ياكى مۇرتەد بولۇشنى مەقسەت قىلمىسىمۇ مەسخىرە قىلىش ياكى چاقچاقلىشىش، ياكى تەنە قىلىش ۋەياكى ئەيىبلەش مەقسىتىدە كۇپۇر سۆز قىلسا، گەرچە ئۇ كاپىر بولۇشنى مەقسەت قىلمىسىمۇ، كاپىر، مۇرتەد بولۇپ كېتىدۇ. ئاللاھ تائاﻻ: ﴿ئەگەر سەن ئۇلارنىڭ (مەسخىرە قىلغانلىقىنى) سورىساڭ، ئۇلار: «بىز (راست ئەمەس)، پەقەت ئىچ پۇشۇقى قىلىپ ئوينىشىپ دەپ قويدۇق» دەيدۇ. (بۇ مۇناپىقلارغا) «سىلەر ئاللاھنىڭ دىنىنى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى (يەنى كىتابىنى) ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى مەسخىرە قىلدىڭلارمۇ؟» دېگىن. سىلەر (يالغان قەسەم ئىچىپ) ئۆزرە ئېيتماڭلار، سىلەر ئىمان ئېيتقىنىڭلاردىن كېيىن، (پەيغەمبەرنى مەسخىرە قىلىش بىلەن) كاپىر بولدۇڭلار﴾(9/« تەۋبە»: 65، 66) ﺩېگەﻥ.
2. مۇرتەد تەۋبە قىلسا، بۇرۇنقى مۇرتەدلىك ھالىتىدە ئوقۇمىغان پەرز ناماز، تۇتمىغان روزا قاتارلىق پەرزلەر مۇرتەد بولمىغان ئەسلى كافىرغا ئوخشاش ساقىت بولۇپ كېتىدۇ. چۈنكى، تەۋبە بىلەن ئىسلام بۇرۇنقى گۇناھلارنى يۇيۇۋېتىدۇ. قۇل ھەققىلا گەدىنىدە قالىدۇ. ئاللاھ تائاﻻ: ﴿كاپىرلارغا ئېيتقىنكى، ئەگەر ئۇلار (كۇفرىدىن، پەيغەمبەر بىلەن دۈشمەنلىشىشتىن) يانسا، ئۇلارنىڭ ئۆتكەنكى قىلمىشلىرى مەغپىرەت قىلىنىپ كېتىدۇ﴾(8/«ئەنفال»: 38) ﺩېگەﻥ. 4/«نىساﺋ» سۈرىسىدىكى ئۇ ئايەتنى ﴿پەقەت تەۋبە قىلىپ، ئىمان ئېيتىپ ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارلا بۇ ھالدا قالمايدۇ﴾(25/«فۇرقان»: 69)، ﴿قايسىڭلار ئۆز دىنىدىن قايتىپ كافىر پېتى ئۆلىدىكەن، ئەنە شۇلارنىڭ ئەمەللىرى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بىكار بولۇپ كېتىدۇ. بۇنداق ئادەملەر ئەھلى دوزاختۇر، ئۇلار ئۇنىڭدا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر﴾(2/«بەقەرە»: 217) دېگەن ئايەتلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، 4/«نىساﺋ» سۈرىسىدىكى ئۇ ئايەتنى تەۋبە قىلماي، ئىمان ئېيتماي كافىر پېتى ئۆلگەن كىشىگە قارىتىىپ چۈشىنىمىز.
ئەمما، مۇرتەد بولۇشتىن بۇرۇنقى مۇسۇلمان ھالىتىدە ئوقۇمىغان پەرز ناماز، تۇتمىغان روزا قاتارلىق پەرزلەر بولسا، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزەرىدە ساقىت بولۇپ كەتمەيدۇ. شۇڭلاشقا ئۇنىڭ قازاسىنى قىلىشى پەرز.
3. مۇرتەد بولۇشتىن بۇرۇنقى مۇسۇلمان ھالىتىدە قىلغان ھەج ياكى باشقا ئەمەللىرىگە كەلسەك، ئالىملارنىڭ قاراشلىرى پەرقلىق، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە بىلەن ئىمام مالىك: «گەرچە ئۇ كافىر ئۆلمەي، ئىسلامغا قايتسىمۇ مۇرتەد بولۇش بىلەن بۇرۇنقى ئەمەللىرىمۇ بىكار بولۇپ كېتىدۇ» دەپ قارىسا، ئىمام شافىئىي بىلەن ئىمام ئەھمەدلەر: «بىكار بولۇپ كەتمەيدۇ، ئۇنىڭ ساۋابى ئۇنىڭغا قايتىپ كېلىدۇ. چۈنكى، تەۋبە بىلەن ئىسلام ئىلگىرىكى گۇناھلارنى يۇيۇۋەتكىنى بىلەن، ئەمەللەرنىڭ ساۋابىنى يۇيۇۋەتمەيدۇ» دەپ قارايدۇ. نەتىجىدە ھەج قىلىپ بولۇپ مۇرتەد بولۇپ، كېيىن تەۋبە قىلىپ مۇسۇلمان بولغان كىشى بىر قاراشتا ھەج قىلىشى پەرز، يەنە بىر قاراشتا پەرز ئەمەس. شۇڭا، تەۋبە قىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ مۇرتەد بولۇشىغا ۋە باشقا دىنغا كىرىشىگە سەۋەب بولغان مۇھىت ۋە كىشىلەردىن ئۇزاق تۇرۇپ، نەفلە ئىبادەتلەرنى كۆپ قىلىشى، قۇربى يەتسە، تەكرار ھەج قىلىۋېتىشى ئەۋزەل بولسا كېرەك. ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب.
149 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! مەن بىر ماشىنىنى ئىجارىگە ئالغانىدىم، باشقا ماشىنا بىلەن سوقۇشۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ماشىنىنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنى رېمونت قىلىپ بەردىم. ئەمما، رېمونت قىلىش بىر ھەپتە داۋاملاشتى. شۇڭا، بۇ بىر ھەپتە ئۈچۈن ماشىنا ئىگىسىگە مېنىڭ پۇل تۆلىشىم كېرەكمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. مەيلى ئادەتتىكى ئۆزى ئىشلىتىدىغان ماشىنا بولسۇن ياكى ئىجارىگە بېرىدىغان ماشىنا بولسۇن، ياكى كىرا ماشىنىسى (تاكسى) بولسۇن، ئىجارىگە ئالغۇچى ئۇ ماشىنىنى ھەيدەش جەريانىدا ھادىسىگە ئۇچراش ياكى بىنورمال ئىشلىتىش سەۋەبلىك ماشىنىنى بۇزغان ياكى رېمونتقا لايىق قىلىپ قويغان ئەھۋالدا، پەقەتلا ماشىنىنى رېمونت قىلىش پۇلىنى، شۇنداقلا ھادىسە سەۋەبلىك ماشىنىنىڭ قىممىتىدىكى كېمىيىشنى (باھالىتىپ) تۆلەيدۇ.
ئەمما، رېمونتخانىدا قالغان ياكى ھادىسە سەۋەبلىك ماشىنىنى ئىشلىتەلمىگەن مۇددەت ئۈچۈن بۇ مۇددەتتە ماشىنىدىن تاپالمىغان پۇلنى تۆلەش مەجبۇرىيىتى بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ مال – مۈلۈكنى بۇزۇۋېتىش ياكى قولغا كېلىشى چوقۇم بولغان بىر پايدىدىن مەھرۇم قىلغانلىق بولماستىن، پايدىلىنىش ئېھتىمالىنىڭ قولدىن كېتىشىدۇر. بۇ پايدا ماشىنا ئىگىسى ماشىنىنى ئاغرىپ قېلىش، ھاۋانىڭ ئۆزگىرىشى ۋەياكى ھەربىي ھالەت دېگەنگە ئوخشىغان تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن ھەيدىيەلمىگەنلىكتىن قولدىن كېتىشىمۇ مۇمكىن. بۇ خىل ئېھتىماللىق بىلەن تۆلەم ۋاجىب بولمايدۇ. بۇ سەۋەبتىن فۇقاھائلار بۇ تۈرلۈك پايدىلىنالماسلىقنى تۆلەمنى ۋاجىب قىلىدىغان ئىشلار قاتارىدا سانىمايدۇ. ئەمما، ھازىرقى يەرلىك قانۇنلار پايدىلىنالماسلىققا تۆلەم تۆلىتىدۇ. مانا بۇ خىل مەۋھۇملۇققا قارىتا تۆلەم تۆلىتىش شەرىئەتكە زىت بولۇپ، باشقىلارنىڭ ھەققىنى ناھەق يەۋېلىش دائىرىسىگە كىرىدۇ.
شۇنداقتىمۇ بۇ مۇددەتكە قارىتا ئىجارىگە ئالغۇچى ئۆز ئىختىيارى بىلەن مەلۇم مىقداردا تۆلەم بەرسە ئېھسان دائىرىسىگە كىرىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن، بۇلارنى ئىككى تەرەپ ئۆزئارا كېلىشىۋالسا ياكى ھۆكمىگە ئىككىلى تەرەپ رازى بولىدىغان تەجرىبىلىك بىرىنى ھۆكۈم قىلدۇرۇپ ھەل قىلسا بولىدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب.
150 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! مەن ساياھەت قىلىشنى ياخشى كۆرىمەن، ساياھەت جەريانىدا چېركاۋلارنى زىيارەت قىلىشىم دۇرۇس بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاسار – ئەتىقە ساياھىتى ياكى لېكسىيە، ياكى مەرىكە، ياكى ئىسلامغا دەۋەت قىلىش قاتارلىق ئېھتىياجلار ئۈچۈن چېركاۋ، موناستىر، سىناگوگ ۋە بۇتخانىغا ئوخشىغان غەيرى دىندىكىلەرنىڭ ئىبادەتخانلىرىغا كىرىش ۋە قونۇش كۆپچىلىك ئالىملار نەزەرىدە جائىز. شۇڭا، توغرىسى، ئېھتىياج تېپىلغاندا كىرىش، ئېھتىياج بولمىسا كىرمەسلىك. چۈنكى، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن بۇ بارىدا بىرەر چەكلىمە كەلمىگەن ۋە ئۇ زات كىرگەنلەرنى ئەيىبلىمىگەن. ئىبنى ئابباس، ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇم كەبى ئەسھاب كىراملەر ۋە ئەتائ، شەئبىي، ئىبنى سىرىن ۋە ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز كەبى تابىئىنلەرمۇ چېركاۋلارغا كىرگەن ۋە ئۇ يەرلەردە بۇت بولمىغان تەقدىردە ناماز ئوقۇغان (سەھىھۇلبۇخارىي 434؛ ئىبنى ئەبى شەيبە 4896 – 4906). ئۇ جايلاردا بۇت ۋە سۈرەتلەرنىڭ بولۇشى ناماز ئوقۇشقا توسالغۇ بولسىمۇ، كىرىشكە توسالغۇ بولالمايدۇ. ئەمما، ئۇلارنىڭ ئىبادەتلىرىگە، بايراملىرىغا قاتنىشىش، ئەقىدە ۋە ئادەتلىرىنى يۇقتۇرۇۋېلىش، شىرك ۋە مەئسىيەت قىلمىشلىرىغا رازى بولۇپ قاراپ تۇرۇش ۋە يامان تەسىر ئېلىش ئېھتىماللىقى بولغاندا، ئۇنداق جايلارغا كىرىش، بالىلارنى بىللە ئېلىپ بېرىش چەكلىنىدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب.

