فىقھىي مەزھەبلەرنىڭ ئىماملىرى – ئىمام ئەبۇ ھەنىفە

فىقھىي مەزھەبلەرنىڭ ئىماملىرى – ئىمام ئەبۇ ھەنىفە

(ھ. 80 – 150/م. 699 – 767)

[101] ئىسلام خۇراسان ۋە ئىرانغا كىرىپ، پۈتۈن ئىراق ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىنى ئىگىلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئەڭ ئابرۇيلۇق ۋە ئېسىلزادە كىشىلىرىدىن نۇرغۇنى ئەسىرگە ئېلىندى. شۇ ئەسىرلەر ئىچىدە زۇتا ئىسىملىك مۆتىۋەر، ئەسلى پارس، كاتتا بايلاردىن بولغان بىر ئادەم بار ئىدى. ئاۋۋالقى مۇجاھىدلار ئۆزلىرىنىڭ ئالىيجانابلىقى بىلەن كىشىلەرنى قۇل قىلىش ئورنىغا ئۇلارغا ئېھسان قىلىپ ئازاد قىلىۋېتەتتى. ئەگەر قۇل قىلىپ قالسا، ھەق دىننىڭ پەرمانلىرىنى چىڭ تۇتقانلىقتىن ۋە ئۇلۇغ تەرىقەتى مۇھەممەدىيەگە ئەگەشكەنلىكتىن، ئازاد بولۇش يولىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرەتتى. ئۇلار زورلۇق – زومبۇلۇقتىن مېھىر – مۇھەببەتنى ئەلا بىلەتتى.

شۇڭا، زۇتانىڭ ئەسىرلىكى ياكى قۇللۇقى كۆپ داۋاملاشماي، ئازاد قىلىنىپ قويۇپ بېرىلدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇ (ئۆزىنى ئازاد قىلىۋەتكەن) تەيم ئىبنى سەئلەبە قەبىلىسىنىڭ ئازادگەردىسى بولۇپ قالدى. ئۇلار قۇرەيشنىڭ تەيم قەبىلىسىدىن باشقا بىر ئەرەب قەبىلىسىدۇر. ئاللاھ بۇ ئېسىل كىشىگە ئەركىنلىكنى بەخش ئېتىش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭغا ھەممىدىن ئۇلۇغ ۋە ھەممىدىن كاتتا بىر نېئمەتنىمۇ بەخش ئەتتى، ئۇ بولسىمۇ ئىسلام نېئمىتىدۇر. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مۇسۇلمان بولدى ھەم مۇسۇلماندارچىلىقى گۈزەل بولدى. ئاندىن ئۇ ئەسلى يۇرتى كابۇلدىن ئىسلام بۆشۈكلىرى ئىچىدە ئىرانغا ئەڭ يېقىن بولغان كۇفەگە يۆتكەلدى.

ئۇ ھەقىقەتەن كۇفەدە ئىمامۇلھۇدا ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب كەررەمەللاھۇ ۋەجھەھۇ بىلەن ئۇچراشقان. ھالبۇكى ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا يېقىن دوستلۇق بار ئىدى. زۇتا، ئەلى كەررەمەللاھۇ ۋەجھەھۇغا نورۇز بايرىمىدا ئالاھىدە بىر تاتلىق تۈرۈمنى ھەدىيە قىلغان(1). بۇ ئۇنىڭ (ھەزرىتى ئەلىدىن ئىبارەت) بۈيۈك ئىمام بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ كۈچلۈكلۈكىنى ۋە ئۇنىڭ كەڭ رىزىقلىق كىشى ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۇلۇغ پەيغەمبەر ئائىلىسىگە باغلانغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ئۇ مۇسۇلمان ھالەتتە سابىت ئىسىملىك بىر بالىسى تۇغۇلدى. سابىتمۇ دادىسىدەكلا ئىمام ئەلى كەررەمەللاھۇ ۋەجھەھۇ بىلەن ئالاقىدە بولدى. كۆپلىگەن رىۋايەتلەردە تەقۋادارلار ئىمامى ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىبنىڭ سابىتنىڭ پەرزەنتلىرىگە بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلىپ قويغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدى. نەتىجىدە سابىتتىن ئىراق فەقىھى — ئىسلام فەقىھى دېسىڭىزمۇ بولىدۇ — نوئمان ئىبنى سابىت دۇنياغا كەلدى. ئۇ شۇنداق بىر فەقىھكى، شافىئىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇ توغرۇلۇق: «ئىنسانلار فىقھتا ئەبۇ ھەنىفەگە موھتاجدۇر» دېگەن ئىدى(2). تارىخ ئۇنى «ئەبۇ ھەنىفە» ئىسمى بىلەن ئاتىدى. نەتىجىدە ئۇ مۇشۇ كۇنيەت بىلەن داڭ قازىنىپ مەشھۇر بولدى، ئارقىمۇئارقا كەلگەن ئەۋلادلار ئۇنىڭ ئىسمىنى، ئىلمى ۋە پىكرىنى نەقىل قىلىشتى.

ئۆسۈپ يېتىلىشى

[102] ئىمام ئەبۇ ھەنىفە كۇفەدە چوڭ بولدى ۋە كۆپىنچە ھاياتىنى كۇفەدە ئۆتكۈزدى. ئۇ ھاياتىنىڭ دەسلىپىدە ھازىرقى دەۋردىكى دىندارلارنىڭ قىلغىنىغا ئوخشاش «قۇرئان كەرىم» يادلىتىدىغان قارىيخانىغا باردى. ئۇ «قۇرئان»نى يادلىغاندىن كېيىن ئۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا كۆڭۈل بۆلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ «قۇرئان»نى بەك كۆپ ئوقۇيتتى، ھەتتا رامازاندا «قۇرئان»نى كۆپ قېتىم خەتمە قىلاتتى دەپ رىۋايەت قىلىنىدۇ. كۆپ يوللاردىن كەلگەن ھەر خىل رىۋايەتلەرگە كۆرە، ئۇ مەشھۇر يەتتە قارىينىڭ بىرى بولغان ئىمام ئاسىمدىن قىرائەت ئۆگەنگەن. ئۆسمۈرلۈكىدە «قۇرئان كەرىم»نى يادلاپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ دىنىنى توغرىلايدىغان سۈننەتلەرنى ئوقۇغان.

ئەبۇ ھەنىفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۆسمۈرلۈكى كۇفەدە سودىگەر بىر ئائىلىدە ئۆتكەن. ئۇنىڭ ئائىلىسى شايى رەخت سودىسى قىلاتتى. شۇ جەھەتتىن، ئۇنىڭ ئائىلىسى ئۇنى تىجارەت تەرەپكە تارتتى. ئۇنىڭ ئائىلىسى سودىگەر بىر ئائىلە بولسىمۇ، ئۇنىڭدا ئەقلىي ئىزدىنىشلەرگە قىزىقىدىغان بىر ئەقلىي خاھىش بار ئىدى. ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇنىڭ دادىسى ۋە بوۋىسىنىڭمۇ ئىمام ئەلى كەررەمەللاھۇ ۋەجھەھۇ بىلەن ئۇچرىشىش ئارقىلىق ئىسلامنى، شەرق ۋە غەرب ئۇپۇقلىرىنى ئۆزىنىڭ زىياسى بىلەن تولدۇرغان شۇ يېڭى دىننى تونۇش مايىللىقى بولغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ كۇفەدە تۇغۇلۇپ، كۇفەدە ياشىدى. ھالبۇكى كۇفە ئىراقنىڭ كاتتا شەھەرلىرىدىن بىرى ئىدى، بەلكى ئۇ شۇ ۋاقىتتىكى ئىراقنىڭ كاتتا ئىككى شەھىرىنىڭ بىرى ئىدى.

[103] ئىراقتا ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنمۇ ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھەر خىل دىنلار ۋە مەزھەبلەر بولغان ئىدى. چۈنكى، ئۇ قەدىمكى مەدەنىيەت ۋە ھازارەتلەرنىڭ بۆشۈكىدۇر. ئىراقتا سىريانلار تارقىلىپ، ئىسلامىيەتتىن بۇرۇن ئۇ يەردە ئۆزلىرى ئۈچۈن مەكتەپلەرنى قۇرغان. بۇ مەكتەپلەر گرېك پەلسەپەسى ۋە پارس ھېكمەتلىرىنىڭ مەركىزى بولغان. ئىراق ئىسلامدىن كېيىن ھەر خىل ئىرقلارنىڭ جەمگاھى بولغانىدى. ئۇ يەردە سىياسەت ۋە ئەقىدە ئاساسلىرى جەھەتتە كۆزقاراشلار توقۇنۇشۇپ تۇراتتى. بىر ياندا شىئەلەر، بىر ياندا خاۋارىجلار، يەنە بىر ياندا مۇئتەزىلەلەر. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە دەۋرىدە ئىراقتا مۇجتەھىد تابىئىن بولغان بولۇپ، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ئۇلار بىلەن ئۇچراشقان. ئۇلاردىن ئىلگىرى ئىراقتا ھەزرىتى ئۆمەر كىشىلەرگە فىقھ ئۆگىتىش ۋە كىشىلەرنى توغرا يولغا باشلاش ئۈچۈن ئەۋەتكەن ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد تۇرغان، ئاندىن كېيىن ئىراقتا ئىمامۇلھۇدا ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب كەررەمەللاھۇ ۋەجھەھۇ تۇرغان.

ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ ئائىلىسىدە سودىگەرلىك خاراكتېرى كۈچلۈك بولسىمۇ، ئۇنىڭ كۆزى ئېچىلىپلا ئىراق ئىلمىنى ۋە ساھابەلەرنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆردى، ئەقلى پارلىنىپ، ئۇنىڭ پىكىر بۇلاقلىرى ئېتىلىپ چىقتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مۇنازىرىچىلەر بىلەن مۇنازىرىلىشىشكە باشلاپ، ئۆزىنىڭ ساغلام تەبىئىتىنىڭ ئىلھاملىرى ياردىمىدە، بەزىبىر مەزھەب ئەھلىلىرى بىلەن مەيدانغا چۈشتى. ئەنە شۇ ئۇنىڭ نەۋقىران چاغلىرى ياكى ئاخىرقى ئۆسمۈرلۈك چاغلىرى ئىدى، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇ ئاساسەن ئائىلىسىنىڭ كەسپى بولغان تىجارەتكە بېرىلگەن ئىدى. ئاشكارا بولۇشىچە، ئۇ ئالىملارنىڭ ئالدىغا پەقەت بوش ۋاقىتلىرىدىلا ئاز باراتتى، ھاياتىنى دادىسىدەك بىر تىجارەتچى بولۇشقا ئاتىغان ئىدى… پۇل – مالنىڭ ئوتى بولغاندەك، ئىلىمنىڭمۇ ئوتى بار ۋە نۇرى بار. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ تىجارەتچىلىك ھاياتى يار بەرگەنچە، ئەقلىي قىزىقىشىنىمۇ قاندۇرۇپ ماڭغان ئىدى.

ئىلىم ۋە ئالىملارغا يۈزلىنىش

[104] ئۇ مۇشۇ ھالەتتە ئۆتۈپ، ئاخىرىدا ئۇنىڭ زەكىيلىكى ئالىملارنىڭ نەزەرىنى تارتتى. ئۇلار ئۇنىڭ پۈتۈنلەي تىجارەتچى بولۇپ كېتىشىگە كۆزلىرى قىيماي، ئۇنى ئىلىمگە، ئىلىمگە يۈزلىنىشكە ۋە ئالىملارنىڭ ئالدىغا بېرىشقا رىغبەتلەندۈردى. ئۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «بىر كۈنى شەئبىينىڭ قېشىدىن ئۆتۈپ قالدىم، ئۇ ئولتۇرغان ئىكەن. ئۇ مېنى چاقىرىپ، ماڭا:

— كىمنىڭ قېشىغا كېتىۋاتىسەن، — دېدى. مەن:

— بازارغا كېتىۋاتىمەن، — دېۋىدىم، ئۇ:

— بازارغا بېرىشىڭنى ياقتۇرمىدىم، ئالىملارنىڭ قېشىغا بارساڭچۇ، — دېدى. مەن ئۇنىڭغا:

— ئالىملارنىڭ قېشىغىمۇ ئانچە – مۇنچە بېرىپ تۇرىمەن، — دېدىم، ئۇ:

— ئۇنداق قىلما، ئىلىمگە ۋە ئالىملار سۆھبىتىگە ئەھمىيەت بەر، مەن سەندە بىر سەگەكلىكنى، بىر ھەرىكەتچانلىقنى كۆرۈۋاتىمەن، — دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ سۆزى قەلبىمگە تەسىر قىلىپ، بازارغا بېرىشنى تاشلىدىم ۋە ئىلىمنى باشلىۋالدىم. نەتىجىدە ئاللاھ ئۇنىڭ سۆزىنى ماڭا مەنپەئەتلىك قىلىپ بەردى».

ئىمام ئەبۇ ھەنىفە كۆپىنچە ۋاقىتلىرىدا ئىلىمگە بېرىلىپ، بازارلارغا كۆپ بېرىشنى تاشلىدى. چۈنكى، ئۇ بازارنىمۇ بىلىپ، تېگىگە يەتكەنىدى. ئەمدى ئىلىم قالدى، ئۇنىڭمۇ تېگىگە يەتمەكچى بولدى. بىراق ئىلىم ھەقىقەتەن چوڭقۇردۇر. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەڭ كۆپ ۋاقتىنى ئىلىمگە بېغىشلىدى، بازارغا ناھايىتى ئاز بارىدىغان بولدى. ئۇنىڭ ئىلىمگە بېرىلگەنلىكى ئۇنىڭ تىجارەتتىن ئۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ. رىۋايەتلەردىن ئاشكارا بولۇشىچە، ئۇ تىجارەتكە نازارەتچىلىك قىلغاچ، ئورنىغا ئادەم سېلىپ تىجارىتىنى يۈرۈشتۈرگەن ئىدى. ئاللاھ خاھلىسا بۇ ھەقتە توختىلىمىز. ئۇ پەقەت بازارغا دۇككىنىنىڭ ئەھۋالىنى ئۇقۇش ئۈچۈن باراتتى.

ئۇ ئىلىمگە يۈزلەنگەندىن كېيىن، كىچىكىدىن مەشىقلەنگەن مۇنازىرىچىلىك خاراكتېرىنى پەقەت ئىلمى كالامنىڭلا قاندۇرىدىغانلىقىنى تۇيدى. ئۇ ئىلگىرى مۇئتەزىلەلەر بىلەن ۋە خىلمۇخىل ئەقىدىلەرنى دەۋا قىلىدىغانلار بىلەن ئىلمى كالام ھەققىدە مۇنازىرىلەشكەنىدى. شۇڭا، ئۇنىڭ يۈزلىنىشى ئىلمى كالامغا بولدى، ئاندىن ئۇ ئەقىدە ئىشلىرىدا ئالىملار بىلەن مۇزاكىرىلىشىشكە باشلىدى ھەمدە مۇئتەزىلەلەر بىلەن مۇنازىرىلىشىش، ئۇلاردىكى نەرسىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ھەم خاۋارىجلار بىلەن مۇنازىرىلىشىش ۋە ئۇلارنىڭ پىكرى بىلەن تونۇشۇش ئۈچۈن، بەسرەگە كۆپ سەپەر قىلدى. ئۇ مۇشۇنداق داۋاملاشتۇرۇپ، ھەر خىل پىرقەلەرنىڭ پىكىرلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقتى. لېكىن ئۇ سەلەفلەرنىڭ يولىدىن باشقا بىر يولدا مېڭىۋاتقانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئۆزىنى پايدىسىز مۇنازىرىلەر بىلەن مەشغۇل قىلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، كۆپ ۋاقىتتا ئۇنىڭ نۇرانە قەلبى ئىسيان كۆتۈرۈپ تۇراتتى. نەتىجىدە ئۇ يۈزىنى بۇراپ قاراپ، ئالىملارغا تولغان فىقھىي ھەلقىلەرنىڭ كىشىلەرگە دىن ئىشلىرىدا پايدا يەتكۈزۈۋاتقانلىقى، ئۇلارغا نەزەرىيىۋى دەتالاشنى ئەمەس، بەلكى ئەمەلىي پايدىنى ئۆگىتىۋاتقانلىقىنى كۆردى.

فىقھقا يۈزلىنىش

[105] ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ئىلىم ئىشىدا قايتا – قايتا ئويلىنىپ، فىقھ ئوقۇشنى توغرا تاپقان. ئۇنى قويۇپ بېرەيلى، ئۇ ئۆزى بىزگە كۆڭۈل سۆزلىرىنى سۆزلەپ بەرسۇن. ئۇ دەيدۇكى: «ئۆزۈمنى تەكشۈردۈم، ئويلاندىم ۋە كۆڭلۈمدە مۇنداق دېدىم: ‹پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابەلىرىدىن ۋە تابىئىندىن ئىبارەت ئىلگىرىكىلەرگە بىز بىلىدىغان ھېچنەرسە مەخپىي قالغان ئەمەس، ئۇلار تېخى ئۇنىڭغا بەكرەك قادىر ۋە بەكرەك ئالىم ئىدى، ئىشلارنىڭ ھەقىقەتلىرىنى بىزدىن بەكرەك بىلەتتى. شۇنداقتىمۇ، ئۇلار دەتالاش ۋە مۇنازىرىلەرنى قىلمىغان، بەلكى ئۇنداق قىلىشتىن ئۆزلىرىنى تارتقان ۋە (باشقىلارنى) قاتتىق توسقان ئىدى. مەن ئۇلارنىڭ شەرىئەتكە ۋە فىقھ بابلىرىغا چۆككەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ: «فىقھ ھەققىدە سۆھبەتلىشىڭلار، فىقھقا تەرغىب قىلىشىڭلار» دېگەنلىكىنى كۆردۈم. ئۇلار كىشىلەرگە فىقھ ئۆگىتەتتى ۋە ئۇنى ئۆگىنىشكە چاقىراتتى، ئۇلار ئۇنىڭغا تەشۋىق قىلاتتى، فىقھ ھەققىدە پەتۋا بېرەتتى، كىشىلەرمۇ ئۇ ھەقتە پەتۋا سورايتتى. ئاۋۋالقى دەۋردىكى ئىلگىرىكىلەر مۇشۇنداق ئۆتكەن ۋە كىشىلەرمۇ بۇ جەھەتتە ئۇلارغا ئەگەشكەن. ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى تونۇپ يەتكىنىمدىن كېيىن، دەتالاش، مۇنازىرە ۋە ئىلمى كالامغا چۆكۈشنى تاشلىدىم ۋە ئۇنى بىلىش بىلەن كۇپايىلەندىم، سەلەفلەرنىڭ تۇتقان يولىغا قايتتىم، مەرىپەت ئەھلى بىلەن سۆھبەتداش بولدۇم. كالامنى دەۋا قىلىپ، ئۇ ھەقتە مۇنازىرىلىشىۋاتقان كىشىلەرنىڭ سىماسىنىڭ ئىلگىرىكىلەرنىڭ سىماسى ئەمەسلىكىنى، ئۇلارنىڭ يولىنىڭ سالىھلەرنىڭ يولى ئەمەسلىكىنى كۆردۈم. كۆردۈمكى، ئۇلارنىڭ قەلبلىرى قاتتىق، يۈرەكلىرى تاش ئىكەن، ئۇلار كىتاب – سۈننەتكە ۋە سەلەف سالىھلەرگە قارشى كېلىپ قېلىش بىلەن كارى يوق ئىكەن، ئۇلاردا پەرھىزكارلىق ۋە تەقۋادارلىق يوق ئىكەن›».

[106] ئىمام ئەبۇ ھەنىفە فىقھقا يۈزلەندى. ھالبۇكى ئۇ ئىلمى كالامنى ئۆگىنىپ بولغان ئىدى. ئىلمى كالام ئەقىدىنى بايان قىلىدىغان ۋە ئەقلىي دەلىللەر بىلەن تەۋھىد ھەقىقەتلىرىنى ئىسپاتلايدىغان بىر پەندۇر. ئۇ يەنە ئازراق ھەدىس يادلىدى، نەھۋى ۋە ئەدەبىيات ئۆگەندى. ئۇ مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىدىن ئۇنىڭ پىكرىنى ئوزۇقلاندۇرغان كەڭ بىلىم – ساپاغا ئىگە بولدى. ئۇ قەلبى، ئەقلى ۋە بارلىقى بىلەن فىقھقا ۋە ھەدىسكە يۈزلەنگەندىن كېيىن، روشەن دەلىل ئۈستىدە بولۇپ ھەقىقەتلەرنى كۆرۈپ يەتتى. ئۇ ھاياتىنى مۇتەكەللىم ھالىتىدە باشلىغان بولسىمۇ، يارەنلىرى ۋە ئوغۇللىرىنى ئۇ ھەقتە مۇنازىرىلىشىشتىن توساتتى. ئۇ ياشانغىنىدا ئوغلى ھەممادنىڭ كالام ھەققىدە مۇنازىرىلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى توستى. ئوغۇل دادىسىغا:

— سەنمۇ شۇ ھەقتە مۇنازىرىلىشەتتىڭ، ھالبۇكى ئەمدى بىزنى ئۇنىڭدىن توسامسەن، — دېۋىدى، ئۇ مۇنداق دېدى:

— بىز مۇنازىرىلەشكەندە، ھەمراھىمىز (يەنى قارشى تەرەپ) نىڭ تېيىلىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، تەمكىنلىك بىلەن مۇنازىرىلىشەتتۇق. سىلەر بولساڭلار ھەمراھىڭلارنىڭ تېيىلىپ كېتىشىنى ئىستەپ تۇرۇپ مۇنازىرىلىشىسىلەر. كىمكى ھەمراھىنىڭ تېيىلىپ كېتىشىنى ئىستىسە، ھەمراھىنىڭ كافىر بولۇپ كېتىشىنى ئىستىگەن بولىدۇ. ئۇنىڭ ھەمراھى كافىر بولۇشتىن بۇرۇن، ئۇ ئۆزى كافىر بولغان بولىدۇ»(3).

ئىلىم ۋە فىقھ مەيدانىدا

[107] ئەبۇ ھەنىفە ئىلمىي تەتقىقاتلىرىدا فىقھقا، كىتاب – سۈننەتتىن ئەھكام ئېلىش ۋە ئۇ ئىككىسىگە ئاساسلىنىشقا، سەلەف سالىھلەرنىڭ ئىش – ئىزلىرىنى بويلاشقا، ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقلاشقان مەسىلىلىرى ۋە ئىختىلاپلاشقان مەسىلىلىرىنى تېپىشقا بېرىلدى. ئۇ ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن چىقمايتتى، بەلكى ئۇلارنىڭ سۆزلىرى ئارىسىدىن تاللايتتى. لېكىن، ئۇ فىقھنى كىمدىن ئالغان؟ ئۇنىڭدىن بۇ سوئال سورالغاندا، ئۇ: «مەن ئىلىم ۋە فىقھ كانى ئىچىدە ئىدىم، ئاندىن ئىلىم ۋە فىقھ ئەھلى بىلەن سۆھبەتداش بولدۇم ۋە ئۇلارنىڭ فۇقەھائلىرىدىن بىر فەقىھنى لازىم تۇتتۇم» دەپ جاۋاب بەرگەن(4). ئۇ ئىشارەت قىلغان ئىلىم كانى كۇفەدۇر. چۈنكى، ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىبنىڭ، ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇدنىڭ شۇنداقلا بىر بۆلۈك چوڭ ساھابەلەرنىڭ ئىلىملىرى كۇفەلىكلەرگە بېرىپ توختىغان. ئەنە شۇ ئىلىمدە بۇ ساھابەلەرگە تابىئىن ئەلقەمە ۋە ئىبراھىم نەخەئىيلەر ئەگەشكەن. يەنە كېلىپ، قىياس ۋە تەخرىج فىقھىسى كۇفەدە ئىدى.

بۇ ھېكمەتلىك ئىمامنىڭ ئاغزىدىن چىققان جۈملىلەر شۇنى ئۇقتۇرىدۇكى، مۇنداق ئۈچ ئىش بولماي ئوقۇغۇچى توغرا ئىلىم ئالالمايدۇ: (بىرىنچىسى) ئوقۇغۇچى ئىلمىي مۇھىتتا بولۇپ، ئىلمىي مۇھىتتا ياشىشى ۋە ئۇنىڭدىن ھىد ئېلىشى، (ئىككىنچىسى) ئالىملار بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇپ، دەۋرىدىكى ھەر تۈرلۈك پىكرىي يۆنىلىشلەر بىلەن ئۇچرىشىشى، (ئۈچىنچىسى) ھەر نەرسىدە نۇر ئۈستىدە بولۇپ، ئېزىپ كەتمەسلىكى ۋە خار بولماسلىقى ئۈچۈن، ئىنچىكە نۇقتىلارنى كۆرسىتىپ مەخپىيەتلىكلەرنى ئېچىپ بېرىدىغان بىر ئۇستازنى لازىم تۇتۇشى. قەدىمدە ئالىملار: «بىر يەردىن ئىلىم ئالمىغان ئادەمنىڭ پىكرى پىشمايدۇ، نەزەرى توغرا بولمايدۇ» دەيتتى. ئىمام ئىبنى خەلدۇن ئىمام ئىبنى ھەزم ئەندەلۇسىينى ئۇنىڭ فىقھىي تەتقىقات ئۇسۇلى جەھەتتىن بىر ئورۇندا تۇرۇپ ئىلىم ئالمىغان دەپ ئەيىبلەيتتى.

ئاللاھ ئىمام ئەبۇ ھەنىفەگە ئاشۇلارنىڭ ھەممىسىنى بەردى. ئۇ پەلسەپە ۋە ئەقىدىلەرنىڭ بۆشۈكى ھېسابلىنىدىغان، فىقھىي تەتقىقاتلاردا مەدىنە بىلەن مۇنازىرىلىشىدىغان كۇفەدە ئىدى. كۇفە گەرچە ھەدىس ئىلمىدە چوققىغا يېتەلمىگەن بولسىمۇ، (ئىشلارنىڭ ھۆكۈملىرىنى) نەسلەر ئۈستىگە بىنا قىلىش، نەس كەلمىگەن مەسىلىنى نەس كەلگەن مەسىلىلەرگە قىياس قىلىش جەھەتتە جىق ئىلگىرىلەپ كەتكەن ئىدى. ئىبراھىم نەخەئىي ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن شاگىرتلىرى قۇرئان – سۈننەت ھۆكۈملىرى ئاساسلانغان ئىللەت ۋە سەۋەبلەرنى يەكۈنلەپ چىققان ئىدى. ئۇلار ھۆكۈمنىڭ ئىللىتىنى بىلسە، مۇشۇ ئىللەت تېپىلىدىغان ھەر نەرسىگە شۇ ھۆكۈمنى تەتبىقلايتتى ۋە قىياسلىرىنى سىناق قىلاتتى. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە مۇشۇنداق فىقھىي مۇھىتتا ياشاپ فىقھ ئۆگەندى ۋە فىقھتا چوققىغا يېتىپ، كۇفە شەيخى ۋە ئىراق فەقىھىگە ئايلاندى.

[108] ئۇ فىقھ ئۆگىنىۋاتقان چېغىدا خىلمۇخىل مەزھەبلەر ۋە تۈرلۈك پىرقەلەرنىڭ شەيخلىرى بىلەن ئالاقە قىلدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئەھلىسۈننەت فۇقەھائلىرىدىنمۇ ئەمەس ئىدى ھەمدە دىن ۋە فىقھتا قىياس ۋە راينى مۇباھ سانايدىغان فۇقەھائدىنمۇ ئەمەس ئىدى. ئۇ ئەسەر ۋە ھەدىسنىڭ تۈۋىدىلا تۇرۇپ ئۇنىڭدىن ھالقىمايدىغان بىر بۆلۈك تابىئىندىنمۇ ئىلىم ئالدى، شۇنداقلا ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ شاگىرتلىرىدىن «قۇرئان كەرىم» فىقھىسىنى ئۆگەندى. ھالبۇكى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ھەقىقەتەن «قۇرئان كەرىم» ئىلمى ۋە فىقھىسى جەھەتتە ئۇنىڭ بىلەن زامانداش بولغان ساھابەلەرنىڭ ئالىمراقى ئىدى، ھەتتا ئۇ «قۇرئاننىڭ تەرجىمانى» دېيىلەتتى.

ئىمام ئەبۇ ھەنىفە، جەئفەر سادىقنىڭ «ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب شەھىرى» دەپ قارايدىغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان كۇفەدە تۇرۇۋاتقان ۋاقىتلىرىدا، ھەر خىل شىئە پىرقەلىرى بىلەن ئالاقىدە بولغان. ئۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ پاك ئائىلە – تاۋابىئاتىغا بولغان مۇھەببىتىدىن زەيدىيلەر ۋە ئىمامىيلار بىلەن ئالاقىلاشقان، لېكىن بۇلارنىڭ تەسىرىنى ئالغانلىقى مەلۇم ئەمەس. ئىراق ئەھلىدىن، مەككە ئەھلىدىن ۋە باشقىلاردىن ئىلىم ئېلىش ۋە خىلمۇخىل قاراشلارنى توپلاش جەھەتتە ئۇ خۇددى خىلمۇخىل ئېلىمېنتلاردىن ئوزۇقلانغان، ئاندىن بۇ ئېلېمېنتلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىدە مۇجەسسەملەپ، ئۇلاردىن ھاياتىي كۈچ چىقارغان ئادەمگە ئوخشايدۇ. ئەبۇ ھەنىفەمۇ شۇنىڭدەك بۇ ئېلېمېنتلارنىڭ ھەممىسىدىن ئېلىپ، ئاندىن ئۇلاردىن يېڭى پىكىر ۋە توغرا قاراشنى ئىشلەپچىقارغان ئىدى. ئۇنىڭ پىكرىدە شۇ ئېلېمېنتلارنىڭ ياخشى تەرەپلىرى بار بولسىمۇ، ئۇنىڭ پىكرى ئۇ ئېلېمېنتلارنىڭ تىپىدىن ئەمەس ئىدى.

[109] ئۇ ئىلىم تەلەپ قىلىش ۋە ئۆگىنىشىدە مۇنداق تۆت تۈرلۈك فىقھنى ئوقۇشقا كۆڭۈل بۆلگەن ئىدى: بىرىنچىسى، مەسلەھەنى ئاساس قىلغان ئۆمەرنىڭ فىقھىسى؛ ئىككىنچىسى، ئىستىنبات قىلىش ۋە شەرىئەت ھەقىقەتلىرىنى چوڭقۇرلاپ ئىزدەشنى ئاساس قىلغان ئەلىنىڭ فىقھىسى؛ ئۈچىنچىسى، تەخرىجنى ئاساس قىلغان ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇدنىڭ ئىلمى؛ تۆتىنچىسى، «قۇرئان» ئىلمى ۋە «قۇرئان» فىقھىسىدىن ئىبارەت ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ ئىلمى؛ خەلىفە ئەبۇ جەئفەر مەنسۇر ئۇنىڭدىن — ھالبۇكى ئۇ بۇ چاغدا فۇقەھائ‍ قاتارىدا ئەڭ ئالىي مەرتىۋىگە يەتكەن ئىدى — : «ئەي نوئمان! ئىلىمنى كىمدىن ئالدىلا؟» دەپ سورىغاندا، ئۇ — ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن! — مۇنداق دېگەن: «ئۆمەرنىڭ شاگىرتلىرىدىن، ئەلىنىڭ شاگىرتلىرىدىن، ئابدۇللاھ (ئىبنى مەسئۇد) نىڭ شاگىرتلىرىدىن ئالدىم (يەنە ئىبنى ئابباسنىڭ شاگىرتلىرىدىنمۇ ئالدىم)(5). ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ ۋاقتىدا يەر يۈزىدە ئۇنىڭدىنمۇ ئالىمراق بىركىم يوق ئىدى». شۇنىڭ بىلەن ئەبۇ جەئفەر: «ھەقىقەتەن ئۆزلىرىنى پۇختا يېتىلدۈرۈپلا» دېگەن(6).

ئۇنىڭ ئىلىم شەيخلىرىدىن بىرىنى ئۇستاز تۇتۇشى

[110] ئىمام ئەبۇ ھەنىفە خىلمۇخىل مۇھىتلاردا ئوخشىمىغان ئالىملار بىلەن سۆھبەتتە بولدى، ئۇلاردىن ئۇلارنىڭ ئۇسۇللىرىنى ئالدى ۋە ئۆزى ياشاۋاتقان ئىلمىي مۇھىتتىن پايدىلاندى. ئەبۇ ھەنىفە ئۆزىنىڭ دەۋرىدە فىقھتا رەئىس بولغان بىر ئالىمنى لازىم تۇتتى. ئۇ ئالىم بولسىمۇ ھەمماد ئىبنى ئەبۇ سۇلايماندۇر. ھەمماد مەۋلالاردىن بولۇپ، خۇددى ئەبۇ ھەنىفە جەمەت تەرەپتىن تەيمىيلەرنىڭ مەۋلاسى بولغاندەك(7)، ئۇمۇ جەمەت تەرەپتىن ئەشئەرىيلەر(8)نىڭ مەۋلاسى ئىدى. چۈنكى، بۇ ھەممادنىڭ دادىسى ئەبۇ مۇسا ئەلئەشئەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئوغلى ئىبراھىمنىڭ مەۋلاسى ئىدى. ھەمماد ئىبراھىم نەخەئىينىڭ فىقھىسىنى ۋە شەئبىينىڭ فىقھىسىنى ئۆگەنگەن ھەم ئىككىسىدىن قازى شۇرەيھنىڭ فىقھىسىنى، ئەلقەمە ئىبنى قەيس ۋە مەسرۇق ئىبنى ئەجدەئنىڭ فىقھىسىنى ئالغان. ئەنە شۇلار فىقھتا ئىككى ئۇلۇغ ساھابە — ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن ئىمامۇلھۇدا ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب كەررەمەللاھۇ ۋەجھەھۇدىن تەلىم ئالغان.

ھەمماد بۇ ئىككى ساھابەنىڭ فىقھىسىنى ئۆگەنگەن شۇ تابىئىندىن فىقھ ئۆگىنىش بىلەن بىرگە، ئىبراھىم نەخەئىينىڭ فىقھىسىغا ۋە ئەلقەمەنىڭ فىقھىسىغا ناھايىتى ئەھمىيەت بەرگەن ئىدى. ئەبۇ ھەنىفە مۇشۇ تابىئىننىڭ فىقھىسىنى ۋە ئىبراھىم نەخەئىينىڭ فىقھىسىغا ئەھمىيەت بېرىشنى ئۇنىڭدىن ئۆگەنگەن. ئەبۇ ھەنىفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەقىقەتەن تەخرىجگە ئەھمىيەت بەرگەن ئىدى.

ئىمام ئەبۇ ھەنىفە 18 يىل ئەتراپىدا ھەممادقا شاگىرت بولۇپ ئۆتتى. چۈنكى، ئۇ ئۇستازىنى تا ئۇستازى ھ. 120 – يىلى ۋاپات بولغۇچە لازىم تۇتتى. ئۇستازىدىن كېيىن كۇفەدە مۇدەررىسلىك قىلدى.

شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشىمىز كېرەككى، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ئۇستازىدىن ئايرىلمايلا ئۆتكەنمۇ ئەمەس، ئۇ ھەج سەپەرلىرىدە ئۇنىڭدىن باشقىلارنىڭمۇ فىقھىسىنى ئۆگەنگەن. شۇنىسى ئاشكارىكى، ئەبۇ ھەنىفە ئۇستازىنىڭ يېنىدىن پەقەت بىرەر ئۆزرە بولۇپ قالغاندا ياكى بىرەر توسالغۇ بولۇپ قالغاندا ئايرىلاتتى. ئۇ بۇ ئەسنادا دەرس تەكرارلايتتى، رىۋايەت قىلاتتى، نەقىل قىلاتتى، تەھرىرلەيتتى ۋە سېلىشتۇراتتى. ھ. 130 – يىلى كۇفەدىن مەككەگە بارغاندا باشقا كىشىلەردىن تەلىم ئېلىشقا پۇرسەت بولغان ۋە بىرقانچە يىل بەيتۇللاھ ھەرەمدە ئىستىقامەت قىلغان. بۇ ئەسنادا ئۇ — دەپ ئۆتكىنىمىزدەك — ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ شاگىرتلىرى بىلەن ئۇچراشقان.

ئۇستاز ئەبۇ ھەنىفە

[111] ھ. 120 – يىلى ھەمماد ۋاپات بولغاندىن كېيىن، كىشىلەرنىڭ نەزەرى ئۇنىڭ ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋە ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن شاگىرتى ئەبۇ ھەنىفەگە چۈشتى. شۇنىڭ بىلەن ئەبۇ ھەنىفە ئۇستازىنىڭ ئورنىدا ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭ ئىلىم ھەلقىسىگە باش بولدى. ئۇ دەرسلىرىدە ئۆزىنىڭ تەجرىبە مېۋىلىرىنى، قالتىس تالانتلىرىنى، مۇنازىرە قۇۋۋىتىنى ۋە ھازىرجاۋابلىقىنى نامايان قىلدى. ئۇ ھەقىقەتەن مول تەجرىبە ئىگىسى ئىدى. چۈنكى، ئۇ تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر ئائىلىدە ئۆسكەن. ئۇ بازارلارغا بېرىپ تۇراتتى. ئىلىمگە يۈزلەنگەندىن كېيىن بازارغا جىق بارمىغان بولسىمۇ، يەنىلا تىجارەتنى ۋاسىتە ئارقىلىق ياكى شېرىك ئارقىلىق داۋاملاشتۇرغان. ئۇ ئىلىمگە دەخلىسى بولمىغۇدەك شەكىلدە تىجارەتكە ئورتاق بولغان ئىدى. چۈنكى، ئۇ كۆپىنچە ۋاقىتلىرىدا شۇ قەدەر ئىلىمگە بېغىشلانغان ئىدىكى، ھەتتا تارىخ ئۇنىڭ تىجارەتنى بىرگە ئېلىپ ماڭغانلىقىنى ئۇنتۇغىلى تاس قالغان ئىدى. شەكسىزكى، ئۇنىڭ تىجارەت ھاياتىنىڭ ئۇنىڭ فىقھىي تەپەككۇرىغا تەسىرى بار، ئەلبەتتە. ئۇ شاگىرتلىرى بىلەن مۇنازىرىلىشەتتى. ئىش ئۆرپ – ئادەت ياكى مەسلەھە ياكى ئادالەت تەتقىقاتىغا بېرىپ تاقالسا، شۇ چاغدا شاگىرتلار جىمىپ قالاتتى، ئېغىز ئاچمايتتى.

رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئۇنىڭ شاگىرتى مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن شەيبانىي: «ئەبۇ ھەنىفە قىياس مەسىلىلىرىدە شاگىرتلىرى بىلەن مۇنازىرىلىشەتتى، ئۇلارمۇ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ تۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن دېيىشەتتى. ئاندىن ئۇ: ‹ئىستىھسان قىلىمەن› دېسە، ئىستىھسان ھەققىدە كەلتۈرىدىغان مەسىلىلەرنىڭ كۆپلۈكىدىن، ئۇلاردىن ھېچكىم ئۇنىڭغا يېتەلمەيتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھەممىسى بوي ئېگىپ تەسلىم بولاتتى» دېگەن(9). ئۇ مەسىلىلەرنىڭ ئىنچىكە نۇقتىلىرىنى، مەسىلىلەرنىڭ كىشىلەر بىلەن بولغان ئالاقىسىنى، كىشىلەرنىڭ مۇئامىلىلىرى ۋە غەرەزلىرىنى پىششىق بىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، ھەممىسىنى مۇشۇنداق قايىل قىلاتتى. چۈنكى، ئۇنىڭ ئىستھسانىنىڭ ماددىسى شەرىئەت ئۇسۇللىرىنى ۋە مەنبەلىرىنى تەتقىق قىلىش، كىشىلەرنىڭ ئەھۋالى ۋە مۇئامىلىلىرىنى تەتقىق قىلىش ئىدى.

ئىمام ئەبۇ ھەنىفە كۆپ سەپەر قىلاتتى. ئۇ مۇشۇ سەپەرلىرىدىن نۇرغۇن تەجرىبىلەرنى ئىگىلىگەن ۋە خىلمۇخىل ئېقىم – قاراشلارنى تونۇغان ئىدى. ئۇ سەپەرلىرىدە ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى ئىزھار قىلاتتى ۋە خالىس تەنقىد بېرىدىغانلار بولۇپ قالسا قۇلاق سالاتتى.

مانا بۇ ئىشلارنىڭ ھەقىقەتلىرىنى بىلىش ئۈچۈن قىلغان سەپەرلىرىنىڭ پايدىسىدۇر. ئەگەر ئۇ بىر جايدىن چىقماي تۇرىۋەرسە ئىدى، پايدىلارغا ئېرىشەلمەس ئىدى.

ئىمام ئەبۇ ھەنىفە بۇ تەجرىبىلەر بىلەن بىللە، قەلب كۆزى ئۆتكۈر، ئىشلارنى ئىنچىكە بىلىدىغان كىشى ئىدى. ئۇنىڭ ئىلمىنىڭ سەمەرىلىرى مۇنازىرىلەردە ئوچۇق كۆرۈلەتتى. ئۇ ھەقىقەتەن مۇنازىرىگە ئۇستىلىقى بىلەن ۋە ھەرقانداق پىكىردە رەقىبىنى چەمبەرگە ئېلىۋالىدىغانلىقى بىلەن مەشھۇر بولغان. ئۇنىڭدىن مۇنداق بىر مۇنازىرە رىۋايەت قىلىنغان: «ئۇ ئالەمنىڭ ئۇنى ئايلاندۇرۇۋاتقان بىر پەيدا قىلغۇچىسى بارلىقىغا ئىشەنمەيدىغان بىر تۈركۈم دەھرىيلەر بىلەن مۇنازىرىلىشىپ، ئۇلارغا:

— بىر ئادەم سىلەرگە ‹لىققىدە يۈك بېسىلغان بىر كېمىنى كۆردۈم، دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا كېمىنى قاتمۇقات دولقۇنلار ئورىۋاپتۇ. شۇنداقتىمۇ، كېمە دولقۇنلار ئارىسىدىن تۈپتۈز كېتىۋاتىدۇ، ھالبۇكى كېمىنىڭ ئۇنى ھەيدەيدىغان ۋە قوغدايدىغان ئادىمى يوق ئىكەن› دېسە، سىلەر نېمە دەيسىلەر؟ شۇنداق بولۇشى ئەقىلگە ئۇيغۇنمۇ؟ — دېگەندە، ئۇلار:

— ياق! بۇ ئەقىل قوبۇل قىلمايدىغان، پەرەزمۇ قىلغىلى بولمايدىغان بىر ئىش، — دېگەن. شۇنىڭ بىلەن ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھىمەھۇللاھ:

— سۇبھانەللاھ! ھەيدىگۈچىسى ۋە قوغدىغۇچىسى يوق بىر كېمىنىڭ مەۋجۇدلۇقتا بولۇشى ئەقىلگە ئۇيغۇن بولمىسا، ھەر خىل شەيئىلەرگە تولغان، ئىشلىرى ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان، ئەتراپى كەڭرى بۇ دۇنيانىڭ بىر ياراتقۇچىسىز، بىر پەيدا قىلغۇچىسىز مەۋجۇد بولۇشى قانداقمۇ ئەقىلگە ئۇيغۇن بولسۇن؟! — دېگەن»(10).

[112] ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ئۆزىنىڭ تەتقىقاتلىرىدا ھەقىقەتلەرنىڭ مېغىزىنى بىلىشكە، نەسلەر ئارقىسىدىكى ئىللەتلەر ۋە ھۆكۈملەرنى تونۇشقا ئەھمىيەت بېرەتتى. ئۇ بىرەر قۇرئانىي نەستىن ھۆكۈم چىقارماقچى بولسا، نەسنىڭ مەنە – مەزمۇنلىرى، غايىلىرى ۋە ئىللەتلىرىنى بىلىشكە يۈزلىنەتتى. شۇنىڭدەك ئۇ بىرەر ھۆكۈمنى سۆزلەيدىغان بىر رىۋايەتنى تاپشۇرۇپ ئالسا، ئۇ رىۋايەتنىڭ ئىللەتلىرى ۋە مۇددىئالىرىنى تېپىپ چىقاتتى ھەمدە ئۇ رىۋايەتنى رەسۇلۇللاھتىن كەلگەن يەنە بىر يەردىكى رىۋايەت بىلەن سېلىشتۇراتتى ھەمدە ئۇنىڭ «قۇرئان كەرىم»دە سۆزلەنگەن ئەھكاملارغا ۋە كۆپلىگەن ئايەت – ھەدىسلەر بىلەن ئىسپاتلانغان ئومۇمىي قائىدىلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان – كەلمەيدىغانلىقىنى تەكشۈرەتتى. ھەتتا ئۇ شۇ ئارقىلىق ھەقىقىي «ھەدىس سەرراپى» بولۇپ سانالغان ئىدى. چۈنكى، ئۇ (پۇلنىڭ راست – يالغىنىنى ئاسانلا ئايرىۋالىدىغان سەرراپ كەبى) ئۆزىنىڭ ئۆلچەملىرى ئارقىلىق «سەھىھ» بىلەن «زەئىف»نى ئايرىۋالاتتى. ئۇ بۇنى ھەدىس فىقھىسى دەپ سانايتتى ۋە بۇ ھەقتە مۇنداق دەيتتى: «ھەدىس ئۆگىنىپ فىقھ ئۆگەنمىگەن كىشىنىڭ مىسالى بىر دورىگەرنىڭ مىسالىغا ئوخشايدۇكى، دورىگەر دورىلارنى توپلايدۇ، دوختۇر كەلمىگۈچە دورىلارنىڭ قايسى كېسەلگە مۇناسىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ھەدىس ئوقۇغۇچىمۇ شۇنداق بولۇپ، فەقىھ كەلمىگۈچە ئۆزى رىۋايەت قىلغان ھەدىستىكى مەقسەتلەرنى بىلمەيدۇ»(11).

ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ دەرس ئۆتۈش ئۇسلۇبى

[113] ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ دەرس ئۆتۈش ئۇسلۇبى سوقراتنىڭ دىيالوگلىرىدىكى ئۇسلۇبىغا ئوخشايتتى. ئەبۇ ھەنىفە دەرسنى ئۇدۇللا سۆزلىمەيتتى، بەلكى ئەقلىگە كەلگەن مەسىلىنى شاگىرتلىرىغا تاشلايتتى ۋە ئۇ مەسىلىنىڭ ھۆكۈملىرى ئاساسلانغان ئاساسلارنى بايان قىلاتتى. شۇنىڭ بىلەن شاگىرتلىرى ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرىلىشىپ كېتەتتى ۋە ھەربىرى ئۆزىنىڭ قارىشىنى ئوتتۇرىغا قوياتتى، گاھىدا ئۇلار ئۇنىڭ بىلەن تەڭ تۇرۇپ ئۇنىڭ ئىجتىھادىغا ئېتىراز بىلدۈرەتتى، گاھىدا ئۇلار ئۇنىڭ بىلەن توۋلىشىپ، ھەتتا ئاۋازلىرى ئۆرلەپ كېتەتتى. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە مەسىلىگە ھەر تەرەپتىن كۆز يۈگۈرتكەندىن كېيىن، بۇ تارتىشىشلاردىن تۇغۇلغان قاراشنى ئوتتۇرىغا قوياتتى – دە، ئۇنىڭ بارغان قارىشى ھەل قىلغۇچ جاۋاب بولاتتى، ھەممە ئۇنىڭغا قايىل بولاتتى ۋە رازى بولاتتى. ئۇنىڭ زاماندىشى مىسئەر ئىبنى كىدام ئۇنىڭ دەرسىنى سۈپەتلەپ مۇنداق دېگەن: «ئۇلار بامدات نامىزىدىن كېيىن ھاجەتلىرىگە تارقىلىپ كېتەتتى، ئاندىن كېيىن بىر يەرگە توپلىناتتى. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ: ‹سوئال سورايدىغان بارمۇ، مۇنازىرىلىشىدىغان بارمۇ› دەيتتى. ئۇلار مۇنازىرىلىشىپ ئاۋازلىرى يۇقىرى چىقىپ كېتەتتى. ئاخىرىدا، ئۇنىڭ كەلتۈرگەن دەلىللىرىنىڭ كۆپلۈكىدىن ئۇلار بېسىقىپ قالاتتى. ئاللاھ ئۇ ئارقىلىق بۇ ئاۋازلارنى بېسىقتۇرغان كىشىنىڭ مەرتىۋىسى ھەقىقەتەن ئىسلامدا بۈيۈكتۇر»(12). شەكسىزكى، بۇ خىل ئۇسلۇبنى پەقەت روھى ئۈستۈن، شەخسىيىتى كۈچلۈك بولغان كىشىلەرلا قوللىنالايدۇ. چۈنكى، ئۇ ئۇستاز تۇرۇپ شاگىرتلىرىنىڭ سېپىغا چۈشەلىدى. ئۇستازلىق سۈپىتىنىمۇ ساقلىيالايدىغان، شاگىرتلار قاتارىغىمۇ چۈشەلەيدىغان بۇنداق بىر ئىشنى ئۇلۇغ ۋە كاتتا ئالىيجاناب كىشىلەردىن باشقىسى قىلالمايدۇ.

بۇ شەكىلدە دەرس ئوقۇش ئوقۇغۇچىنىڭ ئەقلىنى ئۆستۈرىدۇ، ئوقۇتقۇچىنىڭ قاراشلىرىنى سۈزۈلدۈرىدۇ. ئۇنىڭ ئۇستازغا بېرىدىغان پايدىسى شاگىرتقا بېرىدىغان پايدىسىدىن تۆۋەن ئەمەس. ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ داۋاملىق مۇشۇ يوسۇندا دەرس ئۆتۈشى ئۇنى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر ئىلىم ئۆگەنگۈچى ۋە ئىلىم ھەقىقەتلىرىنى سۈزگۈچى قىلغان. نەتىجىدە ئۇنىڭ ئىلمى ئىزچىل ئۆسۈپ ماڭغان ۋە پىكرى سىجىل ئالغا ئىلگىرىلىگەن.

[114] ئۇنىڭ قەلبىدە شاگىرتلىرىنىڭ بۈيۈك سۆيگۈسى بار ئىدى، ھەتتا ئۇ شاگىرتلىرىغا: «سىلەر قەلبىمنىڭ ئارامى، قايغۇلىرىمنىڭ داۋاسى» دەيتتى(13).

ئۇنىڭ شاگىرتلىرى ئىككى قىسىم ئىدى: بىر قىسمى، ئۇنىڭدىن ئىلىم ئېلىش ئۈچۈن بىر مەزگىل تۇرۇپ، ئاندىن ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كېتىدىغان شاگىرتلار. بۇلاردا دائىمىي باغلىنىش بولمايتتى. ئىككىنچى قىسمى، ئۇنىڭدىن ئايرىلماي ئىلىم ئالىدىغان، تا ئۇ ۋاپات بولغۇچە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان شاگىرتلار. بۇلارنىڭ ئىچىدە مەنسەپكە ئىگە بولغانلىقتىن، ئۇ ۋاپات بولۇشتىن بۇرۇن ئۇنىڭدىن ئايرىلغانلارمۇ بار، مەسىلەن زۇفەر ئىبنى ھۇزەيلدەك. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ئۆزىنى لازىم تۇتقان بۇ شاگىرتلارنى بەك ياخشى كۆرەتتى، ئۇنىڭ قەلبىدە ئۇلارنىڭ چوڭ ئورنى بار ئىدى. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ئۇلارنىڭ سانىنىڭ 36 ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ: «بۇلار 36 كىشى، ئۇلارنىڭ 28 ى قازىلىققا يارايدۇ، ئالتىسى مۇفتىلىققا يارايدۇ، ئىككىسى — ئەبۇ يۈسۈف ۋە زۇفەر — قازىلارنى ۋە پەتۋا ئەربابلىرىنى تەربىيەلەشكە يارايدۇ» دېگەن(14).

ئۇنىڭ ئۆزىدىن ئىلىم ئالغان ھەربىر ئوقۇغۇچى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئاتا – بالىنىڭ ئالاقىسىدەك ئىدى، ئۇلارغا كۆيۈنەتتى ۋە ئۇلارنى ئېھتىياجلىق پۇل – ماللار بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارغا ئۆزىنىڭ پۇل – ماللىرىنى بېرەتتى ۋە ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىغا ياردەم بېرەتتى، ھەتتا ئۇ توي قىلىش يېشىغا يەتكەن يوقسۇز ئوقۇغۇچىلىرىنى ئۆيلەپ قوياتتى ۋە تۇرمۇش ئېھتىياجلىرىنى قامداپ بېرەتتى. ئۇنىڭ بەزى زامانداشلىرى ئۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «ئۇ ئۆزى تەلىم بېرىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ھاجەتلىرىنى راۋا قىلىپ، ئۇلارغا ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە نەپىقە بېرەتتى. بىراۋ ئىلىم تەھسىل قىلسا، ئۇنىڭغا: ‹سەن ھالال – ھارامنى تونۇش ئارقىلىق ئەڭ چوڭ بايلىققا ئېرىشتىڭ› دەيتتى»(15).

ئۇ ھەقىقەتەن ئوقۇشتىن ئايرىلىش ھازىرلىقىدا بولغان ياكى بىرەر خاتالىقىنى سەزگەن شاگىرتلىرىغا كۆيۈنۈپ نەسىھەت قىلاتتى.

ھېكمەتلىك ئەبۇ ھەنىفە

[115] ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ ھېكمىتى ئۇنىڭ شاگىرتلىرىغا قىلغان ۋەسىيەتلىرىدە ئوچۇق نامايان بولغان. ئۇ شاگىرتلىرىغا ئۇلارنى كىشىلەرگە يېقىنلاشتۇرىدىغان، ئۇلارنى كىشىلەردىن ئۇزاقلاشتۇرمايدىغان ئىشلارنى ۋەسىيەت قىلاتتى ۋە ئۇلارنى خار بولماستىن كىشىلەر بىلەن يېقىن بولۇشقا چاقىراتتى. ئۇ شاگىرتى يۈسۈف ئىبنى خالىد ئەسسەمتىيگە ئۇ بىر مەنسەپنى قولغا ئېلىش ئۈچۈن بەسرەگە ماڭغاندا مۇنداق دېگەن ئىدى: «بەسرەگە كىرسەڭ، كىشىلەر سېنى كۈتۈۋېلىپ سېنى زىيارەت قىلىدۇ ۋە ھۆرمىتىڭنى قىلىدۇ، سەنمۇ ھەر كىشىگە لايىق رەۋىشتە مۇئامىلە قىل، مۆتىۋەرلەرنى ھۆرمەتلە، ئەھلى ئىلىملەرنى ئىززەتلە، چوڭلارنى قەدىرلە، كىچىكلەرگە مۇلايىم بول، ئاۋامغا يېقىن تۇر، فاجىرلارغا مادارا قىل، سالىھلەرنى يار تۇت، ھوقۇقدارلارنى سەل چاغلىما، ھېچكىمنى پەس كۆرمە، مۇرۇۋۋەتىڭگە سەل قارىما، سىرىڭنى ھېچكىمگە دېمە، سىناپ كۆرمىگۈچە ھېچكىمنىڭ دوستلۇقىغا ئىشەنمە، خەسىس ۋە چۈپرەندە ئادەملەرنى دوست تۇتما، كۆرۈنۈشتە ساڭا ئەيب بولىدىغان ئىشلارغا يېقىن كەلمە»(16).

ئىمام ئەبۇ ھەنىفە شاگىرتىغا ئۇزۇندىن ئۇزۇن نەسىھەت قىلغان بولۇپ، ئۇ نەسىھەت ئۇنىڭ كىشىلەرنىڭ ئەھۋاللىرىنى ۋە خۇي – پەيلىرىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئاندىن ئۇ شاگىرتىغا ئىلىم سىياسىتىنى ئۆگىتىپ، كىشىلەر كۆنمىگەن ئىشلاردا ئۇلارنى كۆندۈرۈۋالغۇچە ئالدىراپ كەتمەسلىككە، يوغانچىلىق بىلەن قارىلىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن كىشىلەرگە قاراشلىرىنى ئۇدۇل دېمەسلىككە بۇيرۇيدۇ. ئۇ (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!) بۇ توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: «قاچانكى سەن باشقىلار بىلەن بىر سورۇندا ياكى بىر مەسجىدتە بولۇپ قېلىپ، بىر مەسىلە كەلسە ياكى باشقىلار شۇ مەسىلىدە سېنىڭ قارىشىڭغا خىلاپ گەپ قىلسا، قارشى پىكرىڭنى ئۇلارغا ئاشكارىلىما، ئەگەر سەن شۇ مەسىلە ھەققىدە سورىلىپ قالساڭ، كىشىلەرگە تونۇشلۇق بولغان قاراش بىلەن جاۋاب بەر، ئاندىن: ›بۇ مەسىلىدە يەنە بىر خىل قاراشمۇ بار، مۇنداق – مۇنداق، دەلىلى مۇنداق‹ دېگەيسەن. ئۇلار سەندىن بۇنى ئاڭلىسا، سېنىڭ پەرقىڭنى ۋە قەدرىڭنى تونۇپ يېتىدۇ. ئەگەر ئۇلار: ›بۇ كىمنىڭ قارىشى؟‹ دېسە، ›بەزى فۇقەھائنىڭ قارىشى‹ دېگىن. ئەگەر ئۇلار بۇ شەكىلدە داۋاملاشسا ۋە ئۇنىڭغا كۆنسە، سېنىڭ قىممىتىڭنى تونۇپ، قەدرىڭنى قىلىدۇ. قېشىڭغا كەلگەن ھەركىمگە بىر تۈرلۈك ئىلىمنى بەرگىنكى، ئۇ توغرىسىدا ئويلانسۇن ۋە ھەربىرى ئۇنىڭدىن ئازراق نېسىۋىسىنى ئالسۇن، ئۇلارغا ئىلىمنىڭ ئىنچىكىسىنى ئەمەس، روشەنرەكىنى بەر، ئۇلارنى خاتىرجەم قىلىپ، بەزىدە چاقچاقلىشىپ قوي، ئۇلار بىلەن پاراڭلاش. چۈنكى، دوستانىلىق ئىلىم قەدىمىنى ئىزچىللاشتۇرىدۇ، ئۇلارغا بەزىدە تائام بەر، ھاجەتلىرىنى قامدا، ئۇلارنىڭ قىممىتىنى بىل، ئۇلارنىڭ خاتالىقلىرىغا كۆز يۇم، ئۇلارغا كۆيۈن، كەڭ قورساق بول، ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە كۆكسىڭنى كەڭ قىل، سىلكىشلىمە، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى بول»(17).

‏«ئالىم ۋە مۇتەئەللىم (الْعَالِمُ وَالْمُتَعَلِّمُ)» ناملىق رىسالە ئىمام ئەبۇ ھەنىفەگە نىسبەت بېرىلىدۇ. ئۇ بۇ رىسالەدە ئىلىمنىڭ مېۋىلىرى ۋە نەتىجىلىرى، ئۆگەنگۈچى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ۋە قىلماسلىققا تېگىشلىك ئىشلارنى سۆزلەيدۇ. ئۇ بۇ رىسالەدە ياخشى بىلەن ياماننى ئايرىيالايدىغان، ياخشىلىقنى دەلىلى بىلەن بىلىپ قىلىدىغان كىشىنىڭ ھەقىقىي ياخشى كىشى ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. ئۇ رىسالەسىدە: «بىلگىنكى، خۇددى ئەزالار كۆزگە ئەگەشكۈچى بولغاندەك، ئەمەل ئىلىمگە ئەگەشكۈچىدۇر. ئىلىمسىز قىلىنغان كۆپ ئەمەلدىن ئىلىم بىلەن قىلىنغان ئاز ئەمەل پايدىلىقراقتۇر، بۇنىڭ ئۆرنىكى شۇدۇركى، دالىدا نەدىلىكى بىلىنمىگەن كۆپ ئوزۇقتىن نەدىلىكى بىلىنگەن ئاز ئوزۇق پايدىلىقراقتۇر، شۇڭا ئاللاھ تائالا ئېيتقانكى: ﴿قُلۡ هَلۡ يَسۡتَوِي ٱلَّذِينَ يَعۡلَمُونَ وَٱلَّذِينَ لَا يَعۡلَمُونَۗ إِنَّمَا يَتَذَكَّرُ أُوْلُواْ ٱلۡأَلۡبَٰبِ / ئېيتقىنكى، بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار باراۋەر بولامدۇ؟ پەقەت (ساغلام) ئەقىل ئىگىلىرى ئىبرەت ئالىدۇ﴾(39/«زۇمەر»: 9)» دېگەن(18).

مادامىكى سۆز پاكىتلىق بولسىلا، ئالىمنىڭ ئۆزى دەۋاتقان سۆزىگە جەزم قىلىشى ۋە قارشى پىكىردىكىلەرگە جەزم بىلەن روبىرو تۇرۇشى ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ نەزەرىدە ئالىمنىڭ ئەدەپ – قائىدىسى ۋە پاراسىتى جۈملىسىدىن سانىلاتتى. ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن، بۇ ھەقتە ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىر ئالىم ئادالەتنى سۈپەتلەپ، ئادالەتنىڭ قارىمۇقارشىسى بولغان زۇلۇمنى بىلمىسە، ئۇ ئادالەت ۋە زۇلۇمغا نىسبەتەن جاھىلدۇر. بىلگىن قېرىندىشىم! بۇنداقلار مېنىڭ نەزەرىمدە بارلىق ئىنسان سىنىپلىرى ئىچىدىكى ئەڭ جاھىل ۋە ئەڭ پەس كىشىلەردۇر. چۈنكى، ئۇلار گويا مۇنداق تۆت كىشىگە ئوخشايدۇ: ئۇلارغا بىر ئاق رەخت بېرىلىپ، ئۇلاردىن بۇ رەختنىڭ رەڭگى توغرۇلۇق سورالسا، تۆتىنىڭ بىرى: ‹بۇ قىزىل رەخت› دەپتۇ. يەنە بىرى: ‹بۇ سېرىق رەخت› دەپتۇ. ئۈچىنچىسى: ‹بۇ قارا رەخت› دەپتۇ. تۆتىنچىسى: ‹بۇ ئاق رەخت› دەپتۇ. ئاندىن تۆتىنچىسىدىن: ‹ماۋۇ ئۈچى ھەققىدە نېمە دەيسەن؟ ئۇلارنىڭ دېگىنى توغرىمۇ ياكى خاتامۇ؟› دەپ سورىلىپتىكەن، ئۇ: ‹مەن پەقەت رەختنىڭ ئاق ئىكەنلىكىنى بىلىمەن› دەپتۇ»(19).

بۇ ئەنە شۇ ئۇلۇغ مۇرەببىينىڭ كىشىلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ئۇسۇللىرى ۋە ئىتتىپاقلاشتۇرۇشنىڭ چەك – چېگرالىرى توغرىسىدىكى قاراشلىرىدىن بىر ئۈزۈندىدۇر. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ۋاجىب، لېكىن بۇ ئىتتىپاقلاشتۇرۇش بىرەر ھارامنى ھالال قىلىش ياكى بىرەر ھالالنى ھارام قىلىشقا ئېلىپ بارسا، بۇنداق ھالەتتە سۈكۈت قىلىش ئازغۇنلۇقتۇر ۋە ئازدۇرغانلىقتۇر. بۇ خىل سۈكۈت باتىلغا ئەمەل قىلىشقا يول ئاچىدۇ.

ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ سۈپەتلىرى

[117] بۇلار ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ دەرستىكى ئەھۋاللىرى. ئەمدى نۆۋەت ئۇنىڭ شەخسىيىتى ۋە سۈپىتى ھەققىدە سۆزلەشكە كەلدى. يۇقىرىدا سۆزلىگەنلىرىمىز ئۇنىڭ خاراكتېرىدىن ئېتىلىپ چىققان ئىشلار بولۇپ، بىز بىرنەرسىنىڭ يىلتىزىنى بىلمەي مېۋىسىنى بىلەلمەيمىز، شۇڭا بىز ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ ئەسلى خاراكتېرى ۋە سۈپەتلىرىنى بىلىشىمىز لازىم. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ئۆزىنىڭ يۈكسەك سۈپەتلىرى بىلەن ئىلىم ۋە تارىخ مەشھۇرلىرى ئارىسىدا يۇقىرى چوققىغا يەتكەن بولۇپ، ئۇ ئىلىملەرنىڭ ئىچىگە شۇڭغۇپ كىرىپ ئەڭ تېگىگىچە يېتەلەيدىغان، تەپەككۇر دائىرىسى كەڭرى، پۇختا ۋە ئىشەنچلىك بىر ئالىمنىڭ پۈتۈن سۈپەتلىرىگە ئىگە ئىدى. ئۇنىڭغا كۈچلۈك بىر نەفس ۋە ساغلام بىر قەلب جور ئىدى.

ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن، ئۇ ناھايىتى تەمكىن ئىدى، ئۆتكۈنچى سۆزلەر، يالتىراق شوئارلار ئۇنى تەۋرىتەلمەيتتى. بىر قېتىم ئۇ ئۆز دەۋرىدە زور مەرتىۋە قازانغان ئىراق ۋائىزى ھەسەن بەسرىينى خاتاغا چىقىرىۋېدى، يېنىدىكىلەردىن بىرى:

— ئەي ھاراملىق! سەن ھەسەن بەسرىينى خاتاغا چىقىرىۋاتىسىنا! — دېدى. ئىراق فەقىھىنىڭ يۈزى ئۆڭمىدى، بەلكى ھېچنېمە ئاڭلىمىغاندەك ئۆزىنىڭ گېپىنى داۋاملاشتۇرۇۋەردى ۋە:

— ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، شۇنداق، ھەسەن خاتالاشتى، ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد توغرىنى تاپتى، — دېدى. ئاندىن يەنە:

— ئى ئاللاھ! كۆكسى بىزگە تار بولغانلارغا بىزنىڭ قەلبىمىز كەڭرىدۇر، — دېدى((20).

ئىمام ئەبۇ ھەنىفە تەمكىن ۋە سالماق بولۇش بىلەن بىرگە، تۇيغۇن قەلب ۋە سەزگۈر نەفس ئىگىسى ئىدى. ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرىلەشكەن كىشىلەرنىڭ بەزىسى ئۇنىڭغا:

— ئەي زىندىق! ئەي بىدئەتچى! — دېۋىدى، ئۇ رەببىنىڭ ساۋابىنى ئۈمىد قىلىدىغان بىر ئالىمدا بولۇشقا تېگىشلىك تەمكىنلىك بىلەن:

— ئاللاھ سېنى مەغپىرەت قىلسۇن! مېنىڭ ئۇنداق ئەمەسلىكىمنى ئاللاھ بىلىدۇ. مەن ئۇنى تونۇغىنىمدىن بېرى ئۇنىڭ يولىدىن چىقمىدىم، ئۇنىڭ ئەپۇسىدىن باشقىنى ئۈمىد قىلمايمەن ۋە ئۇنىڭ ئازابىدىن باشقىسىدىن قورقمايمەن، — دېدى، ئاندىن ئازابنى تىلغا ئېلىپ يىغلىدى. ھېلىقى كىشى ئۇنىڭغا:

— دەپ سالغانلىرىم ئۈچۈن سەندىن رازىلىق سورايمەن، — دېۋىدى، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ:

— نادانلار ئىچىدە مەن توغرۇلۇق بىرنەرسە دېگەن ھەرقانداق كىشىدىن رازىمەن، ئەمما ئەھلى ئىلىملەر ئىچىدە مەن توغرۇلۇق بىرنەرسە دېگەن ھەرقانداق كىشىدىن رازى ئەمەسمەن. چۈنكى، ئالىملارنىڭ غەيۋىتى ئۇلاردىن كېيىن بىر داغ بولۇپ قالىدۇ، — دېدى(21).

ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ تەمكىنلىكى گويا نەفسى يۈكسىلىپ ئاللاھقا باغلانغان، نەتىجىدە نەفسىگە دۇنيا كىرلىرى چاپلاشماس بولغان بىر كىشىنىڭ تەمكىنلىكىدەك تەمكىنلىك ئىدى. ئۇنىڭ نەفسى سىلىق بىر تاش كەبى ئىدىكى، كىشىلەرنىڭ ئەزىيەتلىك گەپ – سۆزلىرى تۇرالماي، سىيرىلىپ چۈشۈپ كېتەتتى.

ئۇ تاغ يۈرەك، تۈرگۈن ئىدى. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئۇ دەرس ئۆتۈۋاتقان چاغدا قۇچىقىغا تورۇستىن بىر يىلان چۈشكەنىكەن، شۇئان چۆرىسىدىكىلەر پاتپاراق بولۇپ كەتكەن. ھالبۇكى ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇۋەرگەن ۋە يىلاننى نېرى قىلغان ئىكەن(22).

[118] ئۇنىڭ پىكرى تېرەن ئىدىكى، نەسلەرنىڭ زاھىرلىرى يېنىدىلا تۇرۇۋالمايتتى، بەلكى نەسلەرنىڭ يىراق ۋە يېقىن مەنىلىرى ئارقىسىدا يۈرەتتى، توختىماستىن ئىللەت ۋە غايىلەرنى قىدىراتتى. ئەنە شۇ چوڭقۇر پەلسەپەۋى ئەقىل ئۇنى ئەقلىي تەشنالىقىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ھاياتىنىڭ ئەۋۋىلىدە ئىلمى كالامغا ئۈندىگەن ئامىل بولسا كېرەك. ئەنە شۇ تېرەنلىكنىڭ تۈرتكىسىدە، ئۇ سۆزلەرنىڭ ئىشارەتلىرى ۋە ھال – شارائىتلىرى، شۇنداقلا ھۆكۈمگە ئەگىشىپ كېلىدىغان پايدا ھاسىل قىلىش ۋە زىياننى دەﻓﺌ قىلىش قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ، ھەدىسلەر ئۆز ئىچىگە ئالغان ھۆكۈملەرنىڭ غايىسىنى ئىزدەش ئۈچۈن ھەدىسلەرنى تەتقىق قىلغان. ئاخىرىدا، ئۇنىڭ ئالدىدا ھۆكۈمنىڭ ئىللىتى راۋۇرۇس مۇقىملاشسا، قىياسنى ئومۇملاشتۇرغان، ئاندىن ھەر خىل پەرەزلەرنى قىلغان ۋە ھەر خىل سۈرەتلەرنى سۈرەتلىگەن. پەرەز قىلىش ۋە سۈرەتلەشتە كۆپ ئالغا ئىلگىرىلىگەن.

[119] ئۇنىڭ مۇشۇ تېرەنلىكى بىلەن بىللە، تەپەككۇرى مۇستەقىل ئىدى، ئەقىلگە تەڭلەپ باقماستىن ھېچقانداق پىكىر ياكى قاراشنى قوبۇل قىلمايتتى. بۇ تەرىپىنى ئۇنىڭ ئۇستازى ھەمماد ئىبنى ئەبۇ سۇلايمان بايقىغان ئىدى. چۈنكى، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ئالدىغا كەلگەن ھەرقانداق مەسىلىدە ئۇنىڭ بىلەن تالىشاتتى. ئۇنىڭ پىكىر مۇستەقىللىقى ئۇنى ھەرقانداق ئىشتا ئەركىن قارايدىغان قىلغان بولۇپ، ئۇ كىتاب – سۈننەتنىڭ نەسسى ياكى بىرەر ساھابەنىڭ پەتۋاسىدىن باشقىغا بوي ئەگمەيتتى. تابىئىننى بولسا خاتاغىمۇ، توغرىغىمۇ چىقىرالايتتى.

ئۇ ھەقىقەتەن زىتمەن قاراشلار ئارىسىدا ياشىغانىدى. ئۇ ھەربىر قاراش ئىگىسىنىڭ قارىشىنى ئېلىپ، ئۇنى ئەگەشمەستىن ئەركىن تەتقىق قىلاتتى. بىر قېتىم ئۇ ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئوغۇللىرىدىن ئىبارەت شىئە ئىماملىرى بىلەن ئۇچراشتى. ھالبۇكى ئۇنىڭ قەلبىدە ئۇلارنىڭ ئورنى ۋە ھۆرمىتى بار ئىدى. (ئىلمىي جەھەتتە) ئۇلاردىن مەنپەئەتلەندى، لېكىن ئۇنىڭدىن ئۇلارغا قارىتا روشەن مۇھەببەت كۆرۈلگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن ئەھلى بەيتكە تەرەپدار بولۇش (يەنى شىئەلىك) كۆرۈلمىگەن. ئۇ زەيد ئىبنى ئەلى، مۇھەممەد باقىر، ئۇنىڭ ئوغلى جەئفەر سادىق ۋە ئابدۇللاھ ئىبنى ھەسەن ئىبنى ھەسەن قاتارلىقلاردىن تەلىم ئالغان، ئەمما بۇلارغا ياكى ئۇلاردىن بىرەرىگە تەپەككۇرىدا تاﺑﯩﺌ((23) بولغانلىقى مەلۇم ئەمەس، ھالبۇكى ئۇ چاغلاردا كۇفە شىئەلىك بىلەن ۋە ساھابەلەرنىڭ ئىماملىرىنى(24) ئەيىبلەش بىلەن مەشھۇر ئىدى. ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن، ئۇ بارلىق ساھابەلەرنى ھۆرمەتلەيتتى. سەئىد ئىبنى ئەرۇبە ئېيتقانكى: «كۇفەگە كېلىپ، ئەبۇ ھەنىفەنىڭ مەجلىسىگە قاتناشتىم. بىر كۈنى ئۇ ئوسماننى تىلغا ئېلىپ، ئۇنىڭغا رەھمەت تىلىدى. مەن ئۇنىڭغا: ‹مەن بۇ شەھەردە ئوسمان ئىبنى ئەففانغا سەندىن باشقا ھېچكىمنىڭ رەھمەت تىلىگەنلىكىنى ئاڭلىمىدىم› دېدىم»(25).

[120] ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ھەقنى ئىزدەشتە خالىس ئىدى. ئۇنىڭ ئەنە شۇ سۈپىتى ئۇنى يۈكسەلدۈرگەن ۋە قەلبىنى نۇرلاندۇرغان. چۈنكى، خالىس قەلب ئىشلارنى ۋە مەسىلىلەرنى ئىزدەشتە ھاۋايى – ھەۋەستىن خالىي بولىدۇ، ئاللاھ خالىس قەلبكە مەرىپەت نۇرىنى تاشلايدۇ. نەتىجىدە ئۇنىڭ ئىدراكى سۈزۈك، پىكرى رۇس بولىدۇ. شەھۋەتلەرگە قۇل بولغان كىشى بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، ئەقلىنى شەھۋەتلەر ئازدۇرىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ شەھۋەتلىرىنىڭ ئېزىقتۇرۇشلىرى ئىچىدىمۇ ياكى ئەقلىنىڭ كۆرسەتمىلىرى ئىچىدىمۇ بىلمەيدۇ.

ئىمام ئەبۇ ھەنىفە توغرا ئىدراكقا قىزىقىشتىن باشقا ھەرقانداق شەھۋەتتىن خالاس بولغانىدى. ئۇ بۇ فىقىھنىڭ بىر دىن ئىكەنلىكىنى ياكى دىن بارىسىدىكى بىر چۈشەنچە ئىكەنلىكىنى، ئۇنى پەقەت نەفسى يالغۇز ھەقنىڭ ئارقىسىدىن ماڭىدىغان كىشىلا تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلگەن. ئۇنىڭ نەزەرىدە ئۇنىڭ مۇنازىرىدە غالىب بولۇشى بىلەن مەغلۇب بولۇشى باراۋەر ئىدى، بەلكى ئۇنى ھەقكە باشلىغان كىشى مۇنازىرىدىكى رەقىبى بولۇپ قالغان تەقدىردىمۇ، ئۇ ھەقنى ئىزدەپ ھەقكە يەتسىلا، ھەردائىم ئۇ غالىب ئىدى.

ئۇ خالىسلىقىدىن، ئۆزىنىڭ قارىشىنى شەكسىز مۇتلەق ھەق دەپ ئويلىمايتتى، بەلكى مۇنداق دەيتتى: «بىزنىڭ بۇ سۆزىمىز بىر قاراشتۇر، ئۇ بىز قادىر بولغاننىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر. كىمكى بىزنىڭ سۆزىمىزدىنمۇ ياخشىراقىنى كەلتۈرەلىسە، ئۇ توغرىغا بىزدىنمۇ يېقىنراقتۇر»(26).

ئۇنىڭغا:

— ئەي ئەبۇ ھەنىفە! سەن بەرگەن بۇ پەتۋا شەكسىز ھەقتۇر، — دېيىلىۋىدى، ئۇ:

— بىلمەيمەن، بەلكىم ئۇ شەكسىز باتىل بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن، — دېگەنىدى. ئۇنىڭ شاگىرتى زۇفەر دەيدۇكى: «بىز ئەبۇ ھەنىفەنىڭ قېشىغا باراتتۇق، ئەبۇ يۈسۈفمۇ بىز بىلەن بىللە ئىدى. بىز ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى يېزىۋالاتتۇق. بىر كۈنى ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ئەبۇ يۈسۈفكە: ‹ۋاي ياقۇب، مەندىن ئاڭلىغىنىڭنىڭ ھەممىسىنى يېزىۋالمىساڭچۇ! مەن بۈگۈن بىر قاراشتا بولسام، ئەتىسى ئۇنى تاشلىشىم مۇمكىن. ئەتىسى بىر قاراشتا بولۇپ، ئۆگۈنى ئۇنى تاشلىشىم مۇمكىن› دېدى».

ئۇنىڭغا بىر قاراش زاھىر بولۇپ قالسا، ئۆزىنىڭ يەنە بىر قارىشىدىن ياناتتى، شۇنداقلا بىر ئادەم ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرىلىشىپ قېلىپ، بىرەر ھەدىسنى كەلتۈرسە، چوقۇم ئۆزىنىڭ قارىشىدىن ياناتتى. چۈنكى، ھەدىس بار يەردە كۆزقاراشقا ئورۇن يوق.

مانا بۇ ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ ئىخلاسىدۇر. ئۇ ئۆزىنىڭ قاراشلىرىغا قارىغۇلارچە چىڭ ئېسىلىۋالىدىغان مۇتەئەسسىبلەردىن ئەمەس ئىدى، بەلكى ئۇنىڭ ئىخلاسى ۋە كەڭ ئەقلى ئۇنى قەلبىنى باشقا قاراشلارغىمۇ ئېچىشقا ئۈندەيتتى. مۇتەئەسسىبلىك پەقەت ھېسسىياتى پىكرىگە غالىب كەلگەنلەردىن ياكى نېرۋىسى ئاجىز، ئەقلى تار كىشىلەردىن سادىر بولىدۇ. ئىمام ئەبۇ ھەنىفەدە بۇلارنىڭ ھېچبىرى يوق ئىدى، بەلكى ئۇ ئەقلى كۈچلۈك، ئۆزىگە ۋە نېرۋىلىرىغا ھاكىم، ھەقنى ئىزدەشتە مۇخلىس، رەببىدىن قورققۇچى ئىدى. شۇڭلاشقا، ئۇ ئۆزىنىڭ قارىشىدا خاتالىقنىڭ بولۇشىنى مۇمكىن سانىغان.

[121] ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ھازىرجاۋاب بولۇپ، سۆزلىگەندە ئاغزىغا مەنىلەر بىرمۇبىر تىزىلىپ كېلەتتى، پىكرى توسۇلۇپ قالمايتتى، بىرەر پىكىر ئۇنىڭغا تۇتۇق قالمايتتى، مادامىكى ھەق ئۇنىڭ تەرىپىدە بولۇپ، ئۇنىڭ ئورۇنلۇق دەلىللىرى بار بولسىلا، ھېچبىر مۇنازىرىدە ئاغزى تۇۋاقلىنىپ قالمايتتى. ئۇ ئۆز دەۋرىدىكى فۇقەھائ‍ ئارىسىدا مۇشۇنداق مەشھۇر بولغان. رىۋايەت قىلىنىشىچە، مىسىر فەقىھى لەيس ئىبنى سەئد مۇنداق دېگەن: «مەن ئەبۇ ھەنىفەنى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىپ تۇرغىنىمدا، كىشىلەرنىڭ بىر شەيخنىڭ چۆرىسىگە ئولىشىۋالغانلىقىنى كۆردۈم. بىر ئادەم: ‹ئەي ئەبۇ ھەنىفە!› دەپ ئۇنىڭدىن بىر مەسىلىنى سورىدى. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن ئۇنىڭ جاۋابىنىڭ توغرىلىقىدىن بەكرەك جاۋابىنىڭ تېزلىكىدىن ھەيران قالدىم»(27).

[122] ئۇ مۇنازىرىلەردە ناھايىتى تادان ئىدى. ئەگەر رەقىبى كاج ياكى ئۆزىنى مات قىلىشنى ئىستەيدىغان بىرى بولۇپ قالسا، رەقىبىنى ئەڭ ئاسان يول بىلەن قانداق ئېغىز ئاچالماس قىلىشنى ئوبدان بىلەتتى. ئۇنىڭ بۇ ھەقتە ئاجايىپ ۋە غارايىپ ۋەقەلىكلىرى بار بولۇپ، تەرجىمىھال ۋە تارىخ كىتابلىرى ئۇ ۋەقەلىكلەر بىلەن تولۇپ كەتكەن. بىز ئۇلاردىن مۇنداق ئىككى قىسسەنى سۆزلەيمىز:

بىرىنچى قىسسە:

رىۋايەت قىلىنىشىچە، بىر ئادەم ئۆلۈپ كېتىپتۇ، ئۆلۈش ئالدىدا ئىمام ئەبۇ ھەنىفە يوق يەردە ئۇنى ۋەسىي قىلىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ توغرۇلۇق قازى ئىبنى شۇبرەمەگە دەۋا سۇنۇلۇپتۇ. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە شۇ پالانىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ۋە ئۆزىنى ۋەسىي قىلغانلىقىغا پاكىت كەلتۈرۈپتۇ. ئىبنى شۇبرەمە:

— گۇۋاھچىلىرىڭنىڭ ھەق گۇۋاھلىق بەرگەنلىكىگە قەسەم ئىچەلەمسەن؟ — دەپتۇ. ئىراق فەقىھى ئەبۇ ھەنىفە:

— مېنىڭ قەسەم قىلىش مەجبۇرىيىتىم يوق، ئۆلگۈچى مېنى ۋەسىي قىلغاندا مەن يوق ئىدىم، — دەپتۇ. ئىبنى شۇبرەمە:

— قىياسلىرىڭ ئەمدى ئەسقاتمايدۇ، — دېگەنىكەن، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە مۇنداق دەپتۇ:

— بېشى يېرىلغان بىر قارىغۇ كىشى ھەققىدە نېمە دەيسەن؟ ئۇنىڭ بېشىنىڭ يېرىلغانلىقىغا ئىككى ئادەم گۇۋاھلىق بەرسە، قارىغۇنىڭ ئۆزى ئۈچۈن گۇۋاھلىق بەرگەنلەرنىڭ راست گۇۋاھلىق بەرگەنلىكىگە قەسەم قىلىش مەجبۇرىيىتى بارمۇ؟ ھالبۇكى ئۇ (گۇۋاھچىلارنى) كۆرمىدى.

شۇنىڭ بىلەن ئىبنى شۇبرەمە ئىمامنىڭ دەۋا قىلغىنى بويىچە ھۆكۈم قىلغان ۋە شۇ بويىچە ئىجرا قىلغانىكەن.

ئىككىنچى قىسسە:

رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئۇمەۋىيلەرنىڭ دەۋرىدە خاۋارىجلىق قىلغان زەھھاك ئىبنى قەيس دېگەن كىشى ئىمام ئەبۇ ھەنىفە مەسجىدتە ئولتۇرغىنىدا ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپتۇ. ھالبۇكى خاۋارىجلار ئۆزىگە قارشى پىكىردىكىلەرنى ئۆلتۈرەتتى. ئۇ ئىمام ئەبۇ ھەنىفەگە:

— تەۋبە قىل، — دەپتۇ. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە:

— نېمىگە تەۋبە قىلىمەن؟ — دەپتۇ. ئۇ:

— ئىككى ھەكەمنى دۇرۇس سانىغانلىقىڭغا، — دەپتۇ(28). ئىمام ئەبۇ ھەنىفە:

— مېنى ئۆلتۈرەمسەن ياكى مەن بىلەن مۇنازىرىلىشەمسەن، — دەپتۇ. ئۇ:

— مۇنازىرىلىشىمەن، — دەپتۇ. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە:

— ئەگەر بىز مۇنازىرە قىلىۋېتىپ بىر ئىشتا تالىشىپ قالساق، ئارىمىزدا كىم ھۆكۈم قىلىپ قويىدۇ؟ — دەپتۇ. خاۋارىج كىشى:

— خاھلىغان ئادىمىڭنى تاللا، — دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىمام ئەبۇ ھەنىفە زەھھاكنىڭ شاگىرتلىرىدىن بىرىگە:

— ئولتۇر، ئەگەر بىز تالىشىپ قالساق، تالىشىپ قالغان مەسىلىدە ئارىمىزدا سەن ھۆكۈم قىلىپ قوي، — دەپتۇ، ئاندىن زەھھاكتىن:

— ئارىمىزدا بۇنىڭغا رازى بولامسەن؟ — دەپ سورىغان ئىكەن، زەھھاك:

— ھەئە، — دەپتۇ. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە:

— مانا سەن بۇ ئارقىلىق ھەكەم تەيىنلەشنى دۇرۇس سانىدىڭ، — دەپتۇ.

[123] بۇ سۈپەتلەرنىڭ ھەممىسى يەنە بىر سۈپەتنى ئۆزىگە تاج قىلىدۇ، بەلكىم ئۇ بىر سۈپەت مۇشۇ سۈپەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ نامايەندىسى ياكى ئاللاھنىڭ بەزى كىشىلەرگە بەرگەن سوۋغىسى بولسا كېرەك. ئۇ سۈپەت بولسىمۇ كۈچلۈك شەخسىيەت، نوپۇز، ھەيۋەت، جەلىپكارلىق ۋە تەسىرچانلىق، كۈچلۈك روھ قاتارلىقلاردۇر. ئۇنىڭ شاگىرتلىرى كۆپ ئىدى، ئۇلارغا ئۆزىنىڭ قارىشىنى تاڭمايتتى، بەلكى ئۇلار بىلەن مۇزاكىرىلىشەتتى، ئۇلارنىڭ چوڭلىرىنىڭ قاراشلىرى بىلەن تونۇشاتتى ۋە ئۇلار بىلەن، چوڭلارنىڭ كىچىكلەر بىلەن مۇنازىرىلەشكىنىدەك ئەمەس، تەڭتۇشلارچە مۇنازىرىلىشەتتى. ئاخىرىدا، ئۇ بىر قاراشنى ئوتتۇرىغا قوياتتى – دە، ھەممە شۇ يەردە توختايتتى ۋە ئۇنىڭدىن تەسكىن تاپاتتى. گاھىدا ئۇلارنىڭ بەزىسى ئۆزىنىڭ قارىشىدا قالاتتى. ئىككىلى ھالەتتە ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ئۆزىنىڭ ئورنى ۋە سالاھىيىتىنى ساقلاپ قالاتتى.

ئۇ ھەيۋىتى بىلەن بىرگە، ئىنچىكە ۋە چوڭقۇر پاراسەتكە ئىگە ئىدىكى، شۇ پاراسىتى بىلەن ئادەملەرنىڭ قورسىقىدىكىنى سېزىۋالاتتى ۋە ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتىگە يېتەلەيتتى. ئۇنىڭ پۈتۈن ھاياتى كۈچلۈك خاراكتېر ۋە كۈچلۈك پاراسەتتىن دېرەك بېرىدۇ. پاراسەت كۈچى كۈچلۈك ئەقىل ئىگىلىرىدە ئۆسۈپ ماڭىدۇ. ئۇ شاگىرتلىرىنى تەتقىق قىلغان ۋە كىشىلەرنىڭ ئەھۋاللىرىنى تەتقىق قىلغان چېغىدا، ئۇنىڭ سەزگۈسى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشقانىدى. پاراسەت بىر نۇردۇركى، ئاللاھ ئۇنى پىكرىي رەھبەرلىك قىلغان مۇخلىس كىشىلەرگە بېغىشلايدۇ. ئاشۇلارنىڭ ھەممىسى ئىمام ئەبۇ ھەنىفەدە بار ئىدى. ئۇ تولىمۇ ئەقىللىق، ئىنتايىن سەزگۈر ئىدى ۋە كىشىلەرنىڭ ئەھۋاللىرىنى تەتقىق قىلاتتى. ئاللاھ ئۇنىڭغا ئىخلاس نۇرىنى بەرگەن. ئۇ قانداقمۇ كۈچلۈك پاراسەت ئىگىسى بولالمىسۇن؟! ھالبۇكى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە نىسبەت بېرىلگەن بەزى ھەدىسلەردە پەيغەمبىرىمىز ئېيتقانكى: «اتَّقُوا فِرَاسَةَ الْمُؤْمِنِ، فَإِنَّهُ يَنْظُرُ بنورِ اللَّهِ (مۇئمىننىڭ پاراسەتىدىن ساقلىنىڭلار. چۈنكى، ئۇ ئاللاھنىڭ نۇرى بىلەن قارايدۇ)»(29).

[124] بۇلار ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ بىر قىسىم سۈپەتلىرى بولۇپ، ئۇنىڭ بەزىسى تەبىئىي سۈپەتلەر، يەنە بەزىسى ئۇنىڭ نەفسى رازى بولغان ھاسىلىي سۈپەتلەر. ئۇلار ئۇنىڭ خاراكتېرىنىڭ ئاچقۇچىدۇر. بۇ سۈپەتلەر ئۇنى ئۇنىڭغا كەلگەن ھەرقانداق بىر مەنىۋى ئوزۇقتىن پايدىلىنىدىغان قىلغان. ئۇشبۇ سۈپەتلەر ئۇنىڭ بىلەن زامانى، ئۇستازلىرى ۋە تەجرىبىلىرى ئارىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغان بولۇپ، ئۇ بۇ ئېلېمېنتلارنىڭ ھەممىسىدىن ئوزۇقلانغان ئىدى. ئۇنىڭ خاراكتېرى ئۇنى كېيىنكى ئەۋلادلارغىچە تەسىرى چوڭقۇر بولغان يېڭى تۈردىكى پىكىر ۋە قاراشلار بىلەن تەمىنلىگەن ئىدى.

مۇشۇ سۈپەتلەر ئارقىلىق ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ئۆزىگە قىزىققۇچىلارنى ئىستىلا قىلغان ۋە ئۇلارنى ئۆزىگە مەدھىيە ئوقۇتقان. شۇ سۈپەتلەر ئارقىلىق ھەسەتخورلارنىڭ ھەسىتىنى قوزغىغان. نەتىجىدە ئۇلار ئۇنىڭ سىيرىتىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئېتىلغان. «ئەلخەيراتۇل ھىسان (الخيرات الحسان)» دېگەن كىتابتا مۇنداق دېيىلگەن: «ئۆتۈپ كەتكەنلەردىن بىرەر ئادەم ھەققىدە كىشىلەرنىڭ زىتلىشىشى ئۇنىڭ ئېسىللىقىغا دەلىل بولالايدۇ. قارىمامسەن، ئەلى كەررەمەللاھۇ ۋەجھەھۇ ھەققىدە ئىككىلى گۇرۇھ ھالاك بولدى، چەكتىن ئاشۇرۇپ ياخشى كۆرگۈچىلەرمۇ ھالاك بولدى، چەكتىن ئاشۇرۇپ ئۆچ كۆرگۈچىلەرمۇ ھالاك بولدى».

ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ دەۋرىدىمۇ كىشىلەر شۇنداق ئىككىگە بۆلۈنگەن. بەزى كىشىلەر ئۇنى چەكتىن ئاشۇرۇپ ھۆرمەتلىۋەتكەن، يەنە بەزى كىشىلەر چەكتىن ئاشۇرۇپ كەمسىتكەن. ھالبۇكى ئۇ ئاللاھنىڭ ۋە ئادىللارنىڭ نەزەرىدە بۈيۈكتۇر. دەتالاشسىز ئىراق فۇقەھائلىرىنىڭ شەيخىدۇر.

ئۇنىڭ تۇرمۇشى

[125] بىز ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ فىقھىسى ھەققىدە توختىلىشتىن بۇرۇن ئىككى ئىشنى بايان قىلىشىمىز كېرەك. بىرىنچىسى ئۇنىڭ تۇرمۇشى، ئىككىنچىسى ئۇنىڭ ئۆز دەۋرىدىكى سىياسىي ئىشلارغا تۇتقان مەيدانى. بىز ئاۋۋال ئۇنىڭ تۇرمۇشى ھەققىدە دەيمىزكى، شۈبھە قوبۇل قىلمايدىغان بىر ھەقىقەت شۇكى، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھۆكۈمدارلارنىڭ سوۋغا – ئاتالىرىنى — مەيلى خەلىفەلەر بولسۇن ياكى ئۇنىڭدىن تۆۋەن مەنسەپدارلار بولسۇن — قوبۇل قىلمىغان. تارىخ شۇنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇكى، تۆت ئىمام ئىچىدە ھۆكۈمدارلارنىڭ بەرگەنلىرىنى ئېلىشقا رۇخسەت قىلغانلارمۇ بار. ئۇ بولسىمۇ ئىمام مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدۇر. ئۇنىڭ قارىشىچە: «ئالىمنىڭ بەيتۇلمالدا ھەققى بار، ھۆكۈمدارلار ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ مېلىدىن سوۋغا قىلىپ بەرمەيدۇ، بەلكى ئالىمغا رىزقىنى ئەكىلىپ بەرگەن بولىدۇ. چۈنكى، ئالىم ئۆزىنى ئىلىمگە، ئىزدىنىش ۋە پەتۋاغا ئاتىدى، نەتىجىدە كەسىپتىن ئۈزۈلۈپ قالدى، شۇڭا بەيتۇلمالنىڭ ئۇنىڭ ھاجىتىنى قامداش، قائىدە بويىچە ئۇنىڭغا ۋە ئائىلىسىگە مائاش بېرىش مەسئۇلىيىتى بار». ئىمام مالىك ئېلىشقا رۇخسەت قىلغان بۇ ئاتالاردىن بىر قىسمىنى ئىلىم ئۆگەنگۈچىلەرگە خەجلەيتتى. شۇڭا، ئىلىم ئۆگەنگۈچىلەر ئۇنى پاناھ تارتىپ باراتتى. شافىئىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ ئۇنى پاناھ تارتىپ، توققۇز يىل ئۆپچۆرىسىدە ئۇنىڭ قانىتى ئاستىدا ياشىغان ۋە بۇ ئارىلىقتا موھتاجلىق ھېس قىلمىغان. ئۇ ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، يەمەندە بىر ئەمەل تۇتۇشقا مەجبۇر بولۇپ قالغان.

ئىمام شافىئىي ئۆزىنى ئىلىمگە ئاتىغاندىن كېيىن، بەنى مۇتتەلىب جەمەتىنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋسەللەم ئۇلارغا بېكىتىپ بەرگەن ئۈلۈشىدىن ئالاتتى. ئۇ ئۇنى ئاتا سۈپىتىدە ئالمايتتى، بەلكى رەسۇلۇللاھنىڭ تۇغقانلىرىدىن سانىلىدىغان قۇرەيشلىك بولۇش ئېتىبارى بىلەن «قۇرئان»دىكى بەلگىلەنگەن ئۈلۈشىنى ئالاتتى.

ئىمام ئەبۇ ھەنىفە بىلەن ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل بەيتۇلمالدىن ئېلىشقا قەتئىي ئۇنىمايتتى. ئەھمەد ھالالدىن توپلاندىمۇ ياكى ھارامدىن توپلاندىمۇ بىلمەيدىغان بىر مالنى ئالغاندىن كۆرە تارچىلىقتا ياشاشقا رازى بولغانىدى.

ئىمام ئەبۇ ھەنىفە بولسا كەڭتاشا تۇرمۇشتا ياشايتتى. چۈنكى، ئۇ تا ئۆلۈپ كەتكۈچە سودىگەر بولۇپ ئۆتكەن. يۇقىرىدا ئۇنىڭ تىجارەتتە شېرىكى بارلىقىنى دەپ ئۆتكەن ئىدۇق. شۇنىسى ئاشكارىكى، شۇ شېرىك ئەبۇ ھەنىفەنىڭ كۆپىنچە ۋاقىتلىرىدا ئىلىمگە، فىقھ ۋە ھەدىسكە ئاجرىلىشى ئۈچۈن، ساۋاب ئېلىش نىيىتىدە ئىخلاس بىلەن ئۇنىڭغا ياردەملەشكەن.

ئىمام ئەبۇ ھەنىفەگە زامانداش بولغان ۋە ئۇنىڭدەك پارس نەسلىگە مەنسۇپ بولغان مۇئتەزىلەلەرنىڭ شەيخى ۋاسىل ئىبنى ئەتائمۇ ئەينى شەكىلدە تۇرمۇش كەچۈرگەن.

[126] ئۆز ۋاقتىدا ئىمام ئەبۇ ھەنىفە سودىگەر ئىدى ۋە تىجارىتىدە بىرىنى ۋەكىل قىلغان ئىدى. ئەبۇ ھەنىفە ھالال دائىرىدە تىجارەت قىلىش ئۈچۈن تىجارەتكە نازارەتچىلىك قىلاتتى.

سودىگەر ئەبۇ ھەنىفە كىشىلىك مۇناسىۋەتتە تۆت سۈپەتكە ئىگە ئىدى. ئۇ سۈپەتلەر ئۇنى خۇددى ئالىملار ئارىسىدا يۇقىرى چوققىدا قىلغاندەك، سودىگەرلەر ئارىسىدىمۇ يۇقىرى چوققىدا قىلغان ئىدى.

1. ئۇ كۆڭلى توق بىرى ئىدى، نەفسلەرنى پېقىر ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدىغان تەمەگەرلىك ئۇنى ئىستىلا قىلالمىغان ئىدى. سەۋەبى، ئۇ قول ئىلكىدە بار بىر ئائىلىدە ئۆسكەن ۋە موھتاجلىق خارلىقىنى تېتىمىغان ئىدى.

2. ناھايىتى ئامانەتدار، ئامانەتكە مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىشتا ئۆزىگە قاتتىق تەلەپچان ئىدى.

3. ناھايىتى كەڭ قورساق ئىدى. ئاللاھ ئۇنى پىخسىقلىقتىن ساقلىغان.

4. چوڭقۇر دىندار ئىدىكى، ياخشى مۇئامىلىنىمۇ ئىبادەت دەپ قارايتتى. ئۇ كۆپ ۋاقىتلىرىدا روزىدار ۋە قىيامدار بولۇش بىلەن بىرگە، «يەنە بىر يۈكسەك ئىبادەت بار، ئۇ بولسىمۇ گۈزەل مۇئامىلە» دەپ قارايتتى.

بۇ سۈپەتلەر ئۇنىڭ تىجارەت ھاياتىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ھەتتا ئۇ تىجارەتچىلەر ئارىسىدا ھەيران قالارلىق بىر كىشى بولۇپ قالغان ئىدى. كۆپ كىشىلەر ئۇنى تىجارەتتە ئەبۇبەكرى سىددىققا ئوخشاتقان. چۈنكى، ئۇ تىجارەتتە ئەبۇبەكرى سىددىقنىڭ يولىدا ماڭغان ئىدى. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە خېرىدارغا تاۋارنىڭ ناچىرىنى كۆرسىتىپ، ئۈلگە بولىدىغان ياخشىسىنى يوشۇرۇپ قوياتتى.

ئۇ سېتىشلىرىدا ئىشەنچلىك بولغىنىدەك، ئېلىشلىرىدىمۇ ئىشەنچلىك ئىدى. بىر قېتىم بىر ئايال ئۇنىڭ قېشىغا بىر يىپەك رەختنى ساتماقچى بولۇپ كەلدى. ئۇ:

— باھاسى قانچە؟ — دېۋىدى، ئايال:

— يۈز دەرھەم، — دېدى. ئۇ:

— بۇ يۈز دەرھەمدىن ئۈستۈن ئىكەن، نەچچە دەرھەم دەيسىز؟ — دېۋىدى، ئايال يۈز دەرھەمدىن، يۈز دەرھەمدىن قوشۇپ، ئاخىرىدا:

— تۆت يۈز دەرھەم، — دېدى. ئۇ:

— بۇ ئۇنىڭدىنمۇ ئۈستۈن ئىكەن، — دېۋىدى، ئايال:

— مېنى زاڭلىق قىلىۋاتامسىز، — دېدى. ئۇ:

— بۇنى باھالايدىغان بىر ئادەم ئەكىلىڭ، — دېۋىدى، ئايال بىر ئادەم ئەكىلىپ باھالاتتى. نەتىجىدە ئىمام ئەبۇ ھەنىفە مالنى بەش يۈز دەرھەمگە سېتىۋالدى.

ئەگەر خېرىدار دوستى ياكى ئاجىز بىرى بولۇپ قالسا، پايدا ئالمايتتى. بىر قېتىم ئۇنىڭ قېشىغا بىر ئايال كېلىپ:

— مەن بىر ئاجىزەمەن، ئۈستۈمدىكىسى ئامانەت كىيىم، بۇ رەختنى ماڭا ئىزىغا سېتىپ بېرىڭ، — دېۋىدى، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە:

— ئۇنى تۆت دەرھەمگە ئېلىڭ، — دېدى. ئايال:

— مېنى موماي ئىكەن دەپ مەسخىرە قىلىۋاتامسىز، — دېۋىدى، ئۇ:

— مەن ئىككى تال رەخت سېتىۋالغان، بىرىنى تۆت دەرھەم پايدىسىغا ساتتىم، بۇ رەخت تۆت دەرھەمگە قالدى، — دېدى(30).

كۈچلۈك دىندارلىقى سەۋەبىدىن، يىراق شۈبھە بولغان تەقدىردىمۇ، گۇناھ شۈبھەسى ئارىلاشقان ھەرقانداق ئىشتا قاتتىق ئېھتىياتچان ئىدى. بۇ توغرۇلۇق رىۋايەت قىلىنىدۇكى: «بىر كۈنى ئۇ شېرىكى ھەفس ئىبنى ئابدۇرراھماننى بىر مالنى سېتىشقا ئەۋەتىپتۇ ۋە ئۇنىڭغا مال ئىچىدىكى بىر رەختتە ئەيىب بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنى ساتقاندا ئەيىبىنى بايان قىلىشنى جېكىلەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەفس مالنى سېتىپ، ئەيىبنى بايان قىلىشنى ئۇنتۇپ قاپتۇ ۋە كىمنىڭ سېتىۋالغانلىقىنىمۇ بىلەلمەپتۇ. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن، مالنىڭ ھەممىسىنى سەدىقە قىلىۋېتىپتۇ»(31).

مۇشۇنداق قاتتىق پەرھىزكارلىق بىلەن بىللە، ئۇنىڭ تىجارىتى ئۇنىڭغا نۇرغۇن پايدا بېرەتتى. ئۇ ئالغان پايدىسىنىڭ بىر قىسمىنى مەشايىخلارغا ۋە مۇھەددىسلەرگە خەجلەيتتى. «تارىخۇ باغداد»تا يېزىلىشىچە: «ئۇ بىر يىللىق پايدىلىرىنى توپلاپ، ئۇنىڭغا شەيخلەرنىڭ، مۇھەددىسلەرنىڭ ھاجەتلىرىنى قامداپ، ئۇلارنىڭ ئوزۇق – تۈلۈك، كىيىم – كېچەكلىرىنى ۋە بارلىق ئېھتىياجلىق نەرسىلىرىنى سېتىۋالاتتى. ئاندىن پايدىغا قالغان دىنارلارنى ئۇلارغا بېرەتتى ۋە: ‹بۇنى ھاجىتىڭلارغا خەجلەڭلار، پەقەت ئاللاھقا مەدھىيە ئوقۇڭلار. مەن سىلەرگە ھېچنەرسىنى ئۆزۈمنىڭ مېلىدىن بەرمىدىم، بەلكى ئۇ ئاللاھنىڭ مېلىدۇر› دەيتتى»(32).

[127] ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ھاياتتىن پاكىز ھۇزۇر ئېلىشقا ئامراق ئىدى، كىيىملىرىگە ئەھمىيەت بېرەتتى ۋە كىيىمنىڭ ئېسىلىنى تاللايتتى، ھەتتا ئۇلار: «(ئەگەر باھالىنىپ قالسا) ئۇنىڭ كىيىمى 30 تىللاغا باھالىناتتى» دېگەن. ئۇ سالاپەتلىك ئىدى، كۆپ ئەتىر ئىشلىتەتتى. شاگىرتى ئەبۇ يۈسۈف: «ئۇ ئاياغ بوغقۇچىغا ئەھمىيەت بېرەتتى، ئاياغ بوغقۇچى يېشىلىپ كەتكەن ھالدا كۆرۈنمەيتتى» دېگەن(33).

ئۇ ئىشى ۋە ھاياتىدا تەرتىپلىك ئىدى. ھاياتىنىڭ ئەڭ چوڭ قىسمى ئىلىم بىلەن ئۆتكەن، قالغان قىسمى بازار ۋە ئائىلىسى بىلەن ئۆتكەن. يۈسۈف ئىبنى خالىد ئەسسەمتىيدىن رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئۇ ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ ھاياتىنى ھەپتە كۈنلىرىگە قانداق تەقسىملەيدىغانلىقى ھەققىدە: «شەنبە كۈنى ھاجەتلىرى بىلەن بولۇپ، دەرس مەجلىسىگە كەلمەيتتى ۋە بازارغىمۇ بارمايتتى، پەقەتلا ئۆي ئىشلىرى ۋە بالا – چاقىسىغا ئاجرىلاتتى. (باشقا كۈنلىرى) چاشگاھتىن چۈشكىچە بازاردا ئولتۇراتتى. جۈمە كۈنى شاگىرتلىرىنى ئۆيىگە چاقىرىپ، ئۇلارغا تۈرلۈك تائاملارنى سۇناتتى» دېگەن(34).

ئۇنىڭ ئۆز دەۋرىنىڭ سىياسىتىگە تۇتقان پوزىتسىيەسى

[128] مانا بۇلار ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ ھاياتى ۋە تۇرمۇشىدۇر. ئۇنىڭ ھاياتى پەرھىزكارلىق ۋە تەقۋادارلىق بىلەن بىر تۈرلۈك پاراۋانلىقنى ۋە بەختكە چۆمگەن تىنچ بىر رېتىمنى ئۆزىدە جۇغلىغان بىر ھاياتتۇر.

لېكىن، بۇ تەقۋادار مۇئمىن ئالىمنى ئاللاھ تائالا سىياسەت بىلەن قاتتىق سىنىغان ئىدى. ئۇ ھايات باسقۇچلىرىنىڭ ئىككى باسقۇچىدا ئىمتىھانغا ئۇچرىغان ۋە ئىككىنچى باسقۇچتا شەھىد ھالدا ئۆلۈپ كەتكەن. ئۇنىڭ زامانىدىكى ۋەقەلەرگە قىسقىچە ئىشارەت قىلىپ ئۆتەيلى!

ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ھاياتىنىڭ 52 يىلىنى ئۇمەۋىيلەر دەۋرىدە، 18 يىلىنى ئابباسىيلار دەۋرىدە ياشىغان. ئۇمەۋىيلەر دۆلىتىنىڭ راسا كۈچىيىشى، ئاندىن ئاجىزلاپ يىقىلىشىغا شاھىد بولغان. شۇنداقلا ئۇ ئابباسىيلارنىڭ (قۇرۇلۇشتىن ئاۋۋال) پارس يۇرتلىرى ئارىسىدا ئېلىپ بارغان مەخپىي تەشۋىقاتلىرىغا، ئۇلارنىڭ كىشىلەر ئارىسىدىكى يوشۇرۇن پائالىيەتلىرىگە، ئاندىن ئۇمەۋىيلەرنى ئۆرۈپ ئۇمەۋىيلەرنىڭ قوللىرىدىن ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىش ھەرىكەتلىرىگە شاھىد بولغان.

ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ئاشۇلارنىڭ ھەممىسىگە شاھىد بولغان. گەرچە ئۇنىڭ ئۆكتە قوپقۇچىلارنىڭ ياكى قوزغىلاڭچىلارنىڭ قاتارىغا قېتىلغانلىقى بىلىنمىگەن بولسىمۇ، بۇ ئىشلار ئۇنىڭ كۆڭلىگە تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى. لېكىن، ھادىسىلەرنىڭ جەريانى شۇنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇكى، ئەلەۋىيلەرنىڭ باشتا ئۇمەۋىيلەرگە قارشى چىقىشىدا، كېيىن ئابباسىيلارغا قارشى چىقىشىدا ئۇنىڭ قەلبى ئەلەۋىيلەر بىلەن ئىدى.

ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن، ئۇنىڭ شىئەلىكنى قوبۇل قىلماستىن ئەلەۋىيلەرگە مايىللىقى بار ئىدى، «ئۇمەييە ئوغۇللىرى (يەنى ئۇمەۋىيلەر) نىڭ مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى بولۇشقا ھېچبىر ھەققى يوق» دەپ قارايتتى، لېكىن ئۇلارغا قارشى ئىسيان قىلمىغانىدى. شۇنداق قىلىشنىمۇ ئويلىغان بولسا كېرەك. رىۋايەت قىلىنىشىچە، زەيد ئىبنى ئەلى كۇفەدە ھىشام ئىبنى ئابدۇلمەلىككە قارشى چىققاندا، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە: «ئۇنىڭ بۇ چىقىشى رەسۇلۇللاھنىڭ بەدر كۈنىدىكى چىقىشىغا ئوخشىدى» دېگەن. ئۇنىڭدىن نېمە ئۈچۈن زەيد ئىبنى ئەلىنىڭ سېپىغا قېتىلمىغانلىقى سورالغاندا، ئۇ: «كىشىلەرنىڭ مەندىكى ئامانەتلىرى مېنى توختىتىپ قويدى، ئۇ ئامانەتلەرنى ئىبنى ئەبۇ لەيلاغا تەڭلىسەم ئۇنىمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئامانەتنى ئادا قىلالماي ئۆلۈپ كېتىشتىن ئەنسىرىدىم» دېگەن. يەنە رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئۇ زەيد بىلەن بىرگە چىقماسلىقىغا: «ئەگەر ‹كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ بوۋىسى (ھۈسەين) نى ياردەمسىز تاشلاپ قويغاندەك، ئۇنى ياردەمسىز تاشلاپ قويمايدۇ› دەپ بىلگەن بولسام ئىدىم، ئۇنىڭ بىلەن بىللە جىھاد قىلار ئىدىم. چۈنكى، ئۇ ھەق ئىمامدۇر، لېكىن ئۇنىڭغا مېلىم بىلەن ياردەم قىلىمەن» دەپ ئۆزرە ئېيتقان. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا ئون مىڭ دەرھەم ئەۋەتكەن ۋە ئەلچىگە: «ئۇنىڭغا ئۆزرەمنى دەپ قويغىن» دېگەن(35).

بۇ ئۇنىڭ نەزەرىدە ئۇمەييە ئوغۇللىرىنىڭ رەھبەرلىككە لايىق ئەمەسلىكىنى ۋە ئۇنىڭ زەيد ئىبنى ئەلىنى ھەقىقىي ئىمام دەپ قارايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن، ئۇ ئېغىزدا دەپ قويۇپ ئەمەلدە قىلمايدىغان ئىراقلىقلارنىڭ خۇي – پەيلىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن، ياخشى نەتىجە چىقىدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلالمىغان. شۇنداقتىمۇ، ئۇ باشقىلارنىڭ ئىرادىسىنى بوشىتىپ توسقۇنلۇق قىلىدىغانلاردىن بولۇشنى خاھلىمىغان ۋە ئىقتىسادىي ياردەم ئەۋەتكەن.

ئىمام زەيدنىڭ قوزغىلىڭى ھ. 122 – يىلى ئۇنىڭ ئېچىنىشلىق ئۆلتۈرۈلۈشى بىلەن ئاياغلاشقان. ئاندىن ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى يەھيا خۇراساندا ئۇمەۋىيلەر ھاكىمىيىتىگە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، ئۇمۇ دادىسىدەكلا ئۆلتۈرۈلگەن، ئاندىن يەھيانىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ ھاكىمىيەت تەلەپ قىلغان. ئۇنىڭ قوزغىلىڭى يەمەندە بولغان، لېكىن مەرۋان ئىبنى مۇھەممەد قوشۇن ئەۋەتكەن. نەتىجىدە ئۇمۇ ھ. 130 – يىلى دادىسى ۋە بوۋىسىغا ئوخشاشلا ئۆلتۈرۈلگەن.

[129] بۇ ھادىسىلەر تەقۋادار ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ كۆڭلىگە تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى. ئۇ ھەقىقەتەن قارشىلىق كۆرسىتىشىنى رەسۇلۇللاھنىڭ بەدردىكى قارشىلىق كۆرسىتىشىگە ئوخشاتقان زەيدنىڭ ئۆلتۈرۈلۈپ، جەسىتىنىڭ ئېسىپ قويۇلغانلىقىنى كۆرگەن. شۇنداقلا زەيدنىڭ بالىلىرىنىڭ قەلب يارىلىرىنى، ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ، ئاندىن نەۋرىسىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرگەن. بۇ ئىشلار ئەلبەتتە ئۇنىڭ ئوغىسىنى قاينىتىپ، ئۇمەييە ئوغۇللىرىغا قارىتا غەزىپىنى قوزغايتتى. ئاندىن ئۇنىڭ تىلىدا ئۇمەۋىيلەرنىڭ زۇلۇملىرىنىڭ زىكرى جارى بولاتتى. ھالبۇكى ئالىملارنىڭ ئۆتكۈر تىللىرى ئۆتكۈر قىلىچلار قىلالمايدىغان ئىشلارنى قىلالايدۇ، ئۇلارنىڭ زەربىسى ئەڭ ئېغىر ۋە ئەڭ قاتتىق بولىدۇ.

شۇڭا، ئۇمەۋىيلەرنىڭ كۆزلىرى ئۇنى پايلاپ، ئىزىغا چۈشۈشكە باشلىدى. بولۇپمۇ ئۇلار ئابباسىيلارنىڭ تەشۋىقاتى، ئاندىن پۇختا قارشىلىق تەرتىپلىنىشى بىلەن دۆلەتنىڭ تەۋرەپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇنى تەئقىبكە ئالدى.

ئۇمەۋىيلەرنىڭ ئەمەلدارى ئىبنى ھۇبەيرە فىتنە باشلىرىنىڭ زاھىر بولۇشقا باشلىغانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن، فۇقەھاﺋ ۋە مۇھەددىسلەر تەرەپتىن ئەنسىرەپ قالدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى زەيد ئىبنى ئەلىنىڭ فىقھ ۋە ئىلىمدىكى ئورنى سەۋەبىدىن ئۇنى قوللايتتى. شۇنىڭ بىلەن ئىبنى ھۇبەيرە ئىراق فۇقەھائلىرىنى توپلىدى — ئۇلار ئىچىدە ئىبنى ئەبۇ لەيلا، ئىبنى شۇبرەمە، داۋۇد ئىبنى ھىند قاتارلىقلار بار ئىدى — ۋە ئۇلارنىڭ ئۇمەۋىيلەر ھاكىمىيىتىگە سادىقلىقىنى سىناش ئۈچۈن، ھەربىرىگە ئەمەل بەردى ھەمدە ئىمام ئەبۇ ھەنىفەگىمۇ ئەمەل بېرىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئادەم ئەۋەتتى، لېكىن ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ئۇنىمىدى ۋە پىكرىدە قاتتىق تۇردى.

ئىبنى ھۇبەيرە مۆھۈرنىڭ ئۇنىڭ قولىدا بولۇشىنى، مۆھۈر بىلەن ئىشلارنى ئۇنىڭ يۈرگۈزۈشىنى، ھەرقانداق بىر پۈتۈكنىڭ ئۇنىڭ قولى بىلەن جارى بولۇشىنى ۋە ھەرقانداق بىر مالنىڭ پەقەت ئۇنىڭ رۇخسىتى بىلەنلا چىقىرىلىشىنى… ئىلتىماس قىلدى. بىراق غۇرۇرلۇق بۈيۈك فەقىھ يەنىلا ئۇنىمىدى. ئىبنى ھۇبەيرە ئەگەر ئۇ تەلىپىنى قوبۇل قىلمىسا، چوقۇم دەررە ئۇرىدىغانلىقىغا قەسەم ئىچتى. شۇنىڭ بىلەن باشقا فۇقەھائ‍ قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنى يۇمشىتىشقا باشلىدى ۋە ئۇنىڭغا: «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن سەندىن ئۆزۈڭنى ھالاك قىلماسلىقىڭنى سورايمىز. بىز سېنىڭ قېرىنداشلىرىڭمىز، ھەممىمىز بۇ ئىشنى يامان كۆرىمىز. لېكىن، باشقا چارە تاپالمىدۇق» دېيىشتى. كۈچلۈك فەقىھ، تەقۋادار مۇئمىن ئەبۇ ھەنىفە دېدىكى: «ئەگەر ئۇ مەندىن ۋاسىت مەسجىدىنىڭ ئىشىكلىرىنى ياسىشىمنى تەلەپ قىلغان تەقدىردىمۇ، ئۇنى قوبۇل قىلماس ئىدىم. ئۇ مەندىن بوينىغا قىلىچ ئۇرىدىغان ئادەمنىڭ ئۆلۈم خېتىنى يېزىپ، مېنىڭ ئۇ خەتكە مۆھۈر بېسىشىمنى تەلەپ قىلسا، قانداقمۇ قوبۇل قىلاي؟! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بۇنى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلمايمەن»(36).

[130] ئىمام ئەبۇ ھەنىفە چىڭ تۇردى. بارلىق كۈچلەر ئۇنىڭ چىڭ تۇرۇشى ئالدىدا ئوسال ئەھۋالغا چۈشتى. ساقچى باشلىقى ئۇنى ئۇدا بىرنەچچە كۈن سولىغاندىن كېيىن، ئۇنى ئۇرۇشقا باشلىدى. ئاخىرىدا، ساقچى باشلىقى ئۇنىڭدىن ئۈمىدىنى ئۈزدى ۋە فەقىھنىڭ ئۆلۈپ كېتىپ، ئۇمەۋىيلەر ھاكىمىيىتىنىڭ مەڭگۈگە قارغىشقا قېلىشىدىن قورقتى. ئىبنى ھۇبەيرە فۇقەھائغا: «ئۇنىڭغا دەڭلار، بىزنى قەسىمىمىزدىن چىقىرىپ قويسۇن» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىمام ئەبۇ ھەنىفەدىن ئۆتۈنۈۋېدى، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەت قىلىپ، مەيدانىدا قاتتىق چىڭ تۇردى. ئىبنى ھۇبەيرە ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ ئۆزىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىشى ئورنىغا كېچىكىپرەك بولسىمۇ قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن، فۇقەھائدىن بۇ مەھبۇسنى ئەيۋەشكە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. ئاخىرىدا، ئىبنى ھۇبەيرە ئۇنى قويۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ئۇلاغقا مىنىپ، ھەرەم بەيتۇللاھقا باردى. بۇ ۋاقىت ھ. 130 – يىلى ئىدى(37).

[131] ئىمام ئەبۇ ھەنىفە بەيتۇللاھ ۋە ئۇنىڭ تىنچ ھەرەمىدە ئىستىقامەت قىلدى، تا ئابباسىيلار ھاكىمىيەت بېشىغا چىققۇچە تۇردى. ھاكىمىيەتنى ئابباسىيلار قولغا ئالغاندىن كېيىن كۇفەگە قايتتى ۋە ئالىملار بىلەن بىرلىكتە ئابباسىيلارنىڭ تۇنجى خەلىفەسى ئەبۇلئابباس بىلەن ئۇچراشتى. ئاندىن ئۇلۇغ ئىمام يېڭى خەلىفەگە بەيئەت قىلغانلىقىنى ئېلان قىلىپ خۇتبە ئوقۇدى. چۈنكى، ئالىملار خەلىفەنىڭ تەلىپىگە جاۋاب قايتۇرۇشقا ئۇنى ئۆزلىرىگە ۋەكىل قىلغان ئىدى. ئۇ خۇتبىسىدە: «جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇركى، ئۇ ھەقنى ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ تۇغقانلىرىغا يەتكۈزدى، بىزدىن زالىملارنىڭ جەۋرىنى يوق قىلدى، تىلىمىزنى ھەق بىلەن ئۇزۇن قىلدى. ئاللاھنىڭ ئەمرى بويىچە سىلىگە بەيئەت قىلدۇق، قىيامەت كۈنىگىچە سىلىگە بەرگەن ئەھدىگە ۋاپا قىلىمىز. ئاللاھ بۇ ئىشنى (يەنى خەلىفەلىكنى) پەيغەمبەرنىڭ تۇغقانلىرىدىن ئايرىمىغاي!» دېدى.

ئۇشبۇ خۇتبە ئۇنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەھلى بەيتىنىڭ ئادالەت ۋە باراۋەرلىك بىلەن ھۆكۈم سۈرىدىغانلىقىغا زور ئىشەنچى بارلىقىغا دالالەت قىلىدۇ.

ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ئابباس ئوغۇللىرىغا سادىق بولۇپ ئۆتتى. چۈنكى، ئابباسىيلار دۆلىتى ئەلى ئوغۇللىرىغا كەلگەن زۇلۇمدىن ھېساب ئېلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان ئىدى. ئابباسىيلار ئىمام ئەبۇ ھەنىفەگە يېقىن تۇرغانىدى، (خەلىفە) ئەبۇلئابباس ئۇنى ئۆزىگە يېقىن تۇتتى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئەبۇ جەئفەر مەنسۇرمۇ ئۇنى ئۆزىگە يېقىن تۇتتى. مەنسۇر ئۇنىڭغا ئاتالارنى تەڭلەيتتى. لېكىن، ئۇ چىرايلىقچە ۋە ئۇستىلىق بىلەن ئاتالارنى رەت قىلاتتى.

[132] ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ تا ئابباسىيلار بىلەن ئەلى ئوغۇللىرى ئارىسىدا خۇسۇمەت بولۇپ، ئەلى جەمەتىنىڭ بېشىغا ئەزىيەت كەلگەنگە قەدەر، ئابباسىيلار ھاكىمىيىتى توغرىسىدا ئوشۇق – تۆشۈك گەپ قىلمىغانلىقى مەلۇم. ئۇ ياخشى كۆرىدىغان ۋە ھۆرمەت قىلىدىغان ئەلى جەمەتى ئەزىيەتكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۇلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇشى ئەقىلگە ئۇيغۇن ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەنسۇرنىڭ ھۆكۈمىتىگە قارشى قوزغىلاڭ قىلغانلار مۇھەممەد نەفسۇززەكىييە ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ھەسەن ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى ئىبراھىم بولۇپ، ئۇ ئىككىسىنىڭ ئاتىسى ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ بىر ئۇستازى ئىدى. (ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ ئۇستازى بولغان) بۇ ئابدۇللاھ ئىككى بالىسى قارشىلىق چىقارغان ۋاقىتتا مەنسۇرنىڭ تۈرمىسىدە ئىدى، ئۇ ئىككى بالىسى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن تۈرمىدە ئاچچىقتىن ئۆلۈپ كەتكەن.

ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ ئۇمەۋىيلەرنى ئۆچ كۆرگەندەك، ئەمدى ئابباسىيلارنى ئۆچ كۆرۈشى ئېنىق ئىدى. لېكىن، ئۇ ئادەتتىكىدەكلا ئۆزىنىڭ ئۆچلۈكىنى ئىپادىلەشتە دەرس سورۇنلىرىدا ئانچە – مۇنچە گەپ قىلىپ قويۇشتىن ئوشۇقمۇ ئىش قىلمىدى. ئالىملار ئەنە شۇنداق بولىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىشى بىلەنلا بولۇپ، باشقا ئىش بىلەن پەقەت ئاز مىقداردا مەشغۇل بولىدۇ. ئۇلارنىڭ تۇيغۇلىرى ئۇلار ياخشى كۆرگەن ئىشلار دائىرىسىدە شۇ ئاز مىقدارغا قانائەت قىلىدۇ.

ئىبراھىم ئىراقتا ئىسيان كۆتۈرگەن، ئۇنىڭ قېرىندىشى نەفسىزەكىييە مەدىنەدە ئىسيان كۆتۈرگەن. بۇ ھىجرەتنىڭ 145 – يىلى ئىدى. «مەنسۇرنىڭ بەيئىتى زورلاش بىلەن بولدى دەپ قارىغاچقا، مەدىنەدە ئىمام مالىك ئىسيان كۆتۈرۈشنىڭ ھالاللىقىغا پەتۋا بەرگەن» دەپ رىۋايەت قىلىنغان. لېكىن، ئىمام مالىكنىڭ ئىسيان كۆتۈرۈشنىڭ دۇرۇسلۇقى توغرۇلۇق پەتۋا بەرمىگەنلىكى ئاشكارىدۇر، بىراق ئۇ مۇھەممەد نەفسىزەكىييەگە دەۋاسىنى ئىسپاتلىشى ئۈچۈن ئاسانلىق تۇغدۇرۇپ بەرگەن. چۈنكى، مۇھەممەد نەفسىزەكىييە ئۆزىنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشىنى ئاقلاشتا ئەبۇ جەئفەر مەنسۇرنىڭ بەيئىتىنىڭ مەجبۇرلاش بىلەن بولغانلىقىنى باھانە قىلاتتى. مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بولسا دەرس مەجلىسىدە «‏لَيْسَ عَلَى الْمُسْتَكْرَهِ يَمِيْنٌ / مەجبۇرلانغۇچىنىڭ قەسىمى قەسەم ئەمەس»(38) دېگەن ھەدىسنى تىلىدىن چۈشۈرمەيتتى. ئىمام مالىك ئۇ ھەدىسنى تەكرار دېيىشتىن چەكلەنگەن بولسىمۇ توختىمىدى. ئۇرۇش نەفسىزەكىييەنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى بىلەن ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئىمام مالىكنىڭ بېشىغا ئەزىيەتلەر كەلدى.

ئىراقتا ئىمام ئەبۇ ھەنىفە «نەفسىزەكىييەنىڭ قېرىندىشى ئىبراھىمغا ياردەم بېرىش ۋاجىب» دەپ جاكارلىغان ئىدى، ھەتتا ئىش ئۇنىڭ مەنسۇرنىڭ بەزى قوماندانلىرىنى ئىبىراھىمغا قارشى ئۇرۇشقا چىقىشتىن توسۇشىغا بېرىپ يەتكەن ئىدى.

رىۋايەت قىلىنىشىچە، مەنسۇرنىڭ قوماندانلىرىنىڭ بىرى بولغان ھەسەن ئىبنى قەھتەبە ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ قېشىغا كىرگەن ۋە ئۇنىڭغا:

— قىلغان ئىشىم ساڭا قاراڭغۇ ئەمەس، ماڭا تەۋبە يولى بارمۇ؟ — دېگەندە، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە:

— (ھەئە بار) ئاللاھ قىلغان ئىشىڭغا چىن پۇشايمان قىلغانلىقىڭنى بىلسە ھەمدە ناۋادا سەن بىر مۇسۇلماننى ئۆلتۈرۈش بىلەن ئۆزۈڭنى ئۆلتۈرۈشتىن بىرنى تاللاشقا مەجبۇر بولۇپ، بىر مۇسۇلماننى ئۆلتۈرۈش ئورنىغا ئۆزۈڭنى ئۆلتۈرۈشنى تاللىيالىساڭ، خاتالىقىڭنى قايتا قىلماسلىققا ئاللاھقا سۆز بېرىپ ۋاپا قىلالىساڭ، ئەنە شۇ سېنىڭ تەۋبەڭدۇر، — دېگەن. شۇنىڭ بىلەن ھەسەن:

— مەن سەن دېگەندەك قىلدىم ۋە ئىككىنچىلەپ بىر مۇسۇلماننى ئۆلتۈرمەسلىككە ئاللاھقا سۆز بەردىم، — دېگەن.

كېيىن ئىبراھىم ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ھەسەننىڭ ئىسيانى ئوتتۇرىغا چىقىپ، مەنسۇر ئۇنى (يەنى ھەسەن ئىبنى قەھتەبەنى) ئىسياننى باستۇرۇشقا بۇيرۇدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا ئەھۋالنى ئېيتىۋىدى، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە:

— تەۋبە ۋاقتىڭ كەلدى، ئەگەر بەرگەن سۆزۈڭگە ۋاپا قىلساڭ، سەن تەۋبە قىلغان بولىسەن. ئۇنداق قىلمىساڭ، ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى گۇناھلىرىڭ ئۈچۈن جازالىنىسەن، — دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ تەۋبىسىدە سەمىمىي بولدى ۋە ئادەم ئۆلتۈرۈشتىن ۋاز كېچىپ، مەنسۇرنىڭ ھۇزۇرىغا كىرگەنچە مۇنداق دېدى:

— مەن بۇ تەرەپكە قاراپ ماڭمايمەن، ئەگەر سېنىڭ ئەمرىڭ بىلەن قىلغان ئىشلىرىم ئاللاھقا تائەت بولسا، ھازىرغا قەدەر نېسىۋەمنى تولۇق ئېلىپ بولدۇم. ئەگەر مەئسىيەت بولسا، ھازىرغىچە قىلغانلىرىم يېتەر.

بۇ گەپتىن كېيىن مەنسۇرنىڭ غەزىپى كەلدى. ئۇنىڭ قېرىندىشى ھۇمەيد ئىبنى قەھتەبە:

— بىر يىلنىڭ ياقى ئۇنىڭ ئەقلىدىن شۈبھىلىنىپ قېلىۋاتىمىز، ئېلىشىپ قالغاندەك تۇرىدۇ، — دېۋىدى، مەنسۇر بەزى ئىشەنچلىك ئادەملىرىدىن:

— ئۇ فۇقەھائدىن كىملەر بىلەن قويۇق ئالاقە قىلىدۇ، — دەپ سورىغاندا، ئۇ:

— ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ قېشىغا بېرىپ كېلىپ تۇرىدۇ، — دېدى(39).

[133] شۇنىڭ بىلەن ئەبۇ جەئفەر ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنى ۋە ئۇنىڭ پەتۋالىرىنى تەئقىپ قىلىپ، ئۇنىڭ پەتۋالىرىدىن ھېساب ئېلىشقا باشلىدى. شۇ پەتۋالار قاتارىدا ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ مۇسۇل ئەھلى توغرىسىدىكى بىر پەتۋاسى بار ئىدى. مۇسۇل ئەھلى مەنسۇرغا ئىسيان قىلغان چاغدا، مەنسۇر ئۇلارنىڭ قايتا ئىسيان قىلسا، قانلىرىنىڭ ھالال بولىدىغانلىقىنى شەرت قىلغان ئىدى. ئۇلار تەكرار ئىسيان قىلىۋېدى، مەنسۇر ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان فۇقەھائنى توپلىدى، ئاندىن ئۇلارغا:

— پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سەھىھ ھەدىستە ‏›الْمُؤْمِنُوْنَ عِنْدَ شُرُوْطِهِمْ(40) / مۇئمىنلەر شەرتلىرىگە ۋاپا قىلىدۇ› دېگەن ئەمەسمۇ؟ مۇسۇل ئەھلى ماڭا قارشى چىقماسلىق شەرتىنى قوبۇل قىلغان ئىدى. ھالبۇكى ئۇلار مېنىڭ ئەمەلدارىمغا قارشى چىقتى. ماڭا ئۇلارنىڭ قانلىرى ھالال بولدى، — دېگەنىدى، ئارىدىن بىر كىشى:

— قوللىرىنى سوزسىلا، ئۇلارغا قوللىرى يېتىدۇ، سۆزلىرى ئۇلارغا ئۆتىدۇ، ئەگەر ئەپۇ قىلسىلا، سىلى ئەپۇچان زات. ئەگەر جازالىسىلا، ئۇلار شۇنىڭغا تېگىشلىكتۇر، — دېدى. ھالبۇكى ئىمام ئەبۇ ھەنىفە سۈكۈت قىلىپ تۇراتتى، مەنسۇر ئۇنىڭغا بۇرۇلۇپ قاراپ:

— سىلى نېمە دەيلا؟ ئەي شەيخ! بىز ئەجەبا پەيغەمبەرلىك خىلافەتىدە ۋە ئامان ئۆيدە ئەمەسمۇ؟ — دېۋىدى، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ھەق سۆزىنى دېدى:

— ئۇلار قۇربى يەتمەيدىغان شەرتنى قوبۇل قىلىپتۇ، سىلىمۇ ھەقلىرى بولمىغان شەرتنى ئۇلارغا قويۇپلا. چۈنكى، مۇسۇلماننىڭ قېنى پەقەت ئۈچ ئىشنىڭ بىرى بىلەنلا ھالال بولىدۇ(41). ئەگەر ئۇلارنى جازالىسىلا، ھالال بولمىغان بىر شەكىلدە جازالىغان بولىلا. ئاللاھنىڭ شەرتى سىلىنىڭ ۋاپا قىلىشلىرىغا ئەڭ ھەقلىقتۇر.

شۇنىڭ بىلەن مەنسۇر ئۇلارنى تارقىلىشقا بۇيرۇدى، ئاندىن ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنى چاقىرىپ:

— ئەي شەيخ! دېگەنلىرى بەرھەق، يۇرتلىرىغا قايتسىلا، خەلىفەلىرىگە ئەيىب ئەكىلىدىغان ئىشلاردا كىشىلەرگە پەتۋا بەرمىسىلە، بولمىسا خاۋارىجلارنىڭ قولى ئۇزىراپ كېتىدۇ، — دېدى(42).

ئۇنىڭ شىئەلىكنى قوبۇل قىلماستىن ئەلەۋىيلەرگە بولغان مايىللىقى بىلەن بىرلىكتە، بۇ جۈرئەتلىك قاراشلار مەنسۇرنىڭ ئۇنىڭغا رازىمەنلىك نەزەرىدە قارىماسلىقىغا، بەلكى ئۇنى كۆزىتىشكە ۋە ئەتراپىغا كۆزلەرنى قويۇشىغا سەۋەب بولغان ئىدى. بۇنىڭغا يەنە مۇنداق ئىككى ئىش قوشۇلدى:

بىرىنچىسى: ئىمام ئەبۇ ھەنىفە بىلەن قازى ئىبنى ئەبۇ لەيلا ئوتتۇرىسىدىكى قاتتىق ئىختىلاپ. ئىبنى ئەبۇ لەيلا ئەبۇ ھەنىفە رازى بولمايدىغان بىر ھۆكۈمنى چىقارسا، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ئۇنى ئاچچىق تەنقىدلەيتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ئۈستىدىن مەنسۇرغا شىكايەت قىلاتتى. گاھى ئۇنىڭ شىكايىتىگە باشقا مەقسەتلەرمۇ ئارىلىشىپ قالاتتى. شەكسىزكى، بۇنىڭ بىلەن مەنسۇرنىڭ ئاچچىقى تېخىمۇ كېلەتتى – دە، ئىمام ئەبۇ ھەنىفەگە ئازار بېرىشكە باھانە تېپىلاتتى.

ئىككىنچىسى: مەنسۇرنىڭ خىزمەتكارلىرى ئىچىدە مەنسۇرغا خۇشامەت قىلىش ئۈچۈن، ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنى ئۆچ كۆرىدىغان ياكى ئۇنى ئەسلىدىن ئۆچ كۆرىدىغانلارمۇ بار ئىدى. بۇلارنىڭ قاتارىدا رەﺑﯩﯿﺌ ھاجىب مەنسۇر ۋە ئەبۇلئابباس تۇسىيلار بار ئىدى.

[134] مۇشۇ ئىشلار سەۋەبىدىن، مەنسۇرنىڭ ئىچى سىقىلىپ، ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ ئۆزىنىڭ ھاكىمىيىتىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىدىن بىئارام بولدى. شۇڭا، ئۇنىڭ چوقۇملا ئىمام ئەبۇ ھەنىفەگە جازا چۈشۈرۈشى ئېنىق ئىدى. ئۇ ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ ئەڭ چوڭ قازىنى تەنقىدلىگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنى تەيىنلەشنى ئويلىدى. مەنسۇر زېرەك ئادەم ئىدى، ئۇنىڭ دىيانەت ۋە ئىمان جەھەتتىن قارىلانمىغان ئالىملارغا زۇلۇم قىلغانلىقىنى كۆرگىلى بولمايدۇ. شۇڭا، ئۇ ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ تەنقىدىنى باھانە قىلىپ، ئۇنى قازىلىققا تەكلىپ قىلدى. ھالبۇكى ئۇ ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ رەت قىلىدىغانلىقىنى، شۇ چاغدا ئۇنى جازالاشقا باھانە تېپىلىدىغانلىقىنى بىلەتتى.

مەنسۇر ئۇنى قازىلىققا تەكلىپ قىلىۋېدى، ئىمام ئەزەم شۇ جاۋابنى بەردى:

— قازىلىق قىلىدىغان كىشى مۆرىتى كەلسە سىلىنىڭ بالىلىرىنىڭ ۋە قوماندانلىرىنىڭ زىيىنىغىمۇ ھۆكۈم قىلالايدىغان بىر نەفسكە ئىگە بولۇشى كېرەك، مەندە ئۇ خىل نەفس يوق، —. مەنسۇر ئۇنىڭغا:

— نېمە ئۈچۈن مېنىڭ ئېھسانىمنى قوبۇل قىلمايلا؟ — دېۋىدى، تەقۋادار ئىمام دېدىكى:

— مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى ماڭا مەن قايتۇرۇۋەتكۈدەك ئۆز يېنىدىن بىرنەرسە بەرگىنى يوق، بەلكى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى ماڭا مۇسۇلمانلارنىڭ بەيتۇلمالىدىن بەردى، ھالبۇكى مېنىڭ بەيتۇلمالدا ھەققىم يوق ھەمدە مەن مۇسۇلمانلارنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن جەڭ قىلىۋاتقان كىشىلەردىنمۇ ئەمەس. شۇنداق بولسام ئىدىم، جەڭچى نېمە ئالسا، مەنمۇ شۇنى ئالاتتىم ھەم مەن مۇسۇلمانلارنىڭ (يېتىم – يېسىر) كىچىك بالىلىرىدىنمۇ ئەمەس. شۇنداق بولسام ئىدىم، كىچىك بالىلار نېمە ئالسا، مەنمۇ شۇنى ئالاتتىم، ھەم مەن مۇسۇلمانلارنىڭ كەمبەغەللىرىدىنمۇ ئەمەس. شۇنداق بولسام ئىدىم، كەمبەغەللەر نېمە ئالسا، مەنمۇ شۇنى ئالغان بولاتتىم»(43).

قازىلىق تەكلىپىمۇ تەكرارلاندى، رەت قىلىشمۇ تەكرارلاندى. ئاخىرىدا، مەنسۇر ئۇنى قوبۇل قىلغۇزۇشقا قەسەم ئىچتى، ئىمام ئەبۇ ھەنىفەمۇ قازىلىق قىلماسلىققا قەسەم ئىچتى، ئاندىن دېدىكى:

— ئەگەر سىلى يا مېنى فۇراتقا غەرق قىلىش ياكى مېنىڭ قازىلىق قىلىشىمدىن ئىبارەت ئىككى ئىشنىڭ بىرىنى تاللىشىم كېرەكلىكى بىلەن ماڭا تەھدىت سالغان بولسىلىرى ئىدى، مەن چوقۇم غەرق بولۇشنى تاللىغان بولاتتىم، سىلىنىڭ سايىلىرى ئاستىدا ئىززەت – ئىكرام كۆرۈشكە ئېھتىياجلىق كۆپ خىزمەتكارلىرى تۇرۇپتۇ(44).

مەنسۇر قازىلىق تەلىپىدىن يانماي، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭدىن قازىلىق ھۆكۈملىرىنىڭ توغرىسىنى ماقۇللاپ، خاتاسىنى رەت قىلىش ئۈچۈن، ھۆكۈملەرنى تەكشۈرۈپ بېكىتىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. لېكىن، ئۇ رەت قىلىپ چىڭ تۇردى.

شۇ چاغدا مەنسۇر ئۇنى ھەپسىگە ئېلىپ ئازابلىدى. ھەر كۈنى ئون قامچا ئۇرۇشنى بۇيرۇدى. ئۇ ئۆلۈشكە يېقىنلاشقاندا، ئاندىن مەنسۇر ئۇنى ھەپسىدىن چىقاردى ۋە دەرس، پەتۋا بېرىشتىن مەنئى قىلدى. شۇنىڭدىن ئاز ئۆتمەي، ئۇ ۋاپات بولدى. ئۇ ۋاپات بولۇشتىن بۇرۇن، ئۆزىنىڭ بۇلىۋېلىنغان ياكى خەلىفەنىڭ بۇلاپ ئۆزىنىڭ قىلىۋالغانلىقى ئېيتىلغان بىرەر تۇپراققا دەپنە قىلىنماسلىقىنى ۋەسىيەت قىلدى. شۇ سەۋەبتىن مەنسۇر:

— ئەبۇ ھەنىفەنىڭ ھاياتلىقى ۋە ماماتلىقىدا ئۇنىڭغا قىلغانلىرىم ئۈچۈن كىممۇ مېنى كەچۈرەر، — دېگەنىدى(45).

[135] ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خۇددى سىددىقلار ۋە شەھىدلەر ئۆلگەندەك ئۆلدى. ئۇنىڭ ئۆلۈمى ھ. 150 – يىلى بولدى. ئۆلۈم راھەت بولدى شۇ چارچىغان قەلب ئۈچۈن، شۇ ئويغاق دىنىي ۋىجدان ئۈچۈن، شۇ كۈچلۈك يۈرەك ۋە زور ئەقىل ئۈچۈن، ئەزىيەتلەرگە ئۇچراپ بەرداشلىق بەرگەن شۇ سەۋرچان نەفس ئۈچۈن. ئۇ ھەقىقەتەن كۆزقارىشى پەرقلىق كىشىلەردىن ئەزىيەتكە ئۇچراپ، ئۆزىگە تۈرلۈك بەتناملار ئارتىلسىمۇ، ئۇنىڭغا رازىمەنلىك بىلەن بەرداشلىق بەرگەن ئىدى. ئەقىلسىز كىشىلەردىنمۇ ئەزىيەتكە ئۇچرىغان، ئاندىن ئەمىرلەردىن، ئاندىن خەلىفەلەردىنمۇ ئەزىيەتكە ئۇچرىغان. شۇنداقتىمۇ بوشاشمىغان ۋە ئاجىزلاشمىغان ئىدى. ئەگەر نەفسنىڭمۇ جىھادلىرى ۋە جىھاد مەيدانلىرى بار بولسا، ئۇنداقتا، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئاشۇ تۈرلۈك جىھادنىڭ ئەڭ بۈيۈك قەھرىمانلىرىدىن ۋە ھەر مەيدانلىرىدا زەپەر قازانغان ئەزىمەتلەردىن ئىدى. ئۇ ئاخىرقى تىنىقلىرىغىچە جىھادىدا مۇستەھكەم تۇرغان ئىدى. ئۇ ھەقىقەتەن بۇلىۋېلىنمىغان پاك تۇپراققا دەپنە قىلىنىشىنى، ئەمىر – خەلىفە بۇلىۋالغان بىرەر تۇپراققا دەپنە قىلىنماسلىقىنى ۋەسىيەت قىلغان ئىدى.

ئىلىم، دىيانەت ۋە ئەخلاقنىڭمۇ پادىشاھلارنىڭ كاتتىلىقىدىن ۋە ھۆكۈمدارلارنىڭ يۈز – ئابرۇيىدىن قېلىشمىغۇدەك كاتتىلىقى ۋە قالتىس تەسىرى باردۇر. شۇڭا، پۈتۈن باغداد ئەھلى ئىراق فەقىھى ئىمام ئەزەمنىڭ جىنازىسىنى ئۇزاتتى. ئۇنىڭ نامىزىغا قاتناشقانلارنىڭ سانىنىڭ ئەللىك مىڭ ئىكەنلىكى مۆلچەرلەنگەن. ھەتتا ئۇنى ئازابلىغان ئەبۇ جەئفەر ئۇنىڭ دەپنىسىدىن كېيىن ئۇنىڭ قەبرسىگە بېرىپ ناماز ئوقۇغان ئىدى. ئۇ بۇنى ئىمام ئەزەمنىڭ كاتتا ئەخلاقى، كاتتا دىن – دىيانىتى ۋە ئۇلۇغ تەقۋالىقىنى ئېتىراپ قىلىش ئۈچۈن قىلدىمۇ ياكى ئاممىنى رازى قىلىش ئۈچۈن قىلدىمۇ بىلمەيمىز. بەلكىم ئىككىلى سەۋەبتىندۇر. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە راستتىنلا بۈيۈك كىشى بولدى. ئۇنىڭغا ئەزىيەت بەرگەنلەرنىڭ ئىش – ئىزلىرى ئۆچتى، ئۇلار پەقەت ئۆتكۈزگەن ناھەقچىلىكلىرى، تۆككەن قانلىرى بىلەنلا ئەسلىنىدۇ. ئەمما، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە بولسا ئۇنىڭ زېمىننىڭ شەرق ۋە غەربلىرىدە تەتقىق قىلىنىدىغان قاراشلىرى، ئىنسانلار ئەسلەيدىغان ۋە ئۆگىنىدىغان ئىلمى باردۇر. شۇ ئىلىم سەۋەبلىك كىشىلەر ئۇنى ئۇلۇغلايدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن ۋە ئۇنى رازى قىلسۇن!

ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ فىقھىسى

[136] ئىمام شافىئىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «ئىنسانلار فىقھتا ئەبۇ ھەنىفەگە موھتاجدۇر» دېگەنىدى(46). ئۇ توغرۇلۇق يەنە ئىمام ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەكمۇ: «ئۇ ھەقىقەتەن ئىلىمنىڭ جەۋھىرىدۇر» دېگەنىدى(47). يەنى ھەردائىم قايماستىن ئىلىمنىڭ ساپ جەۋھىرىگە يېتەتتى. ئىمام مالىك ئىلىمدىكى بىرقانچە خىل مەسىلىدە ئۇنىڭ بىلەن مۇھاكىمە قىلىشقاندىن كېيىن، ئۇ توغرىسىدا: «ئۇ ھەقىقەتەن كاتتا بىر فەقىھ ئىكەن» دېگەنىدى(48).

دېمەك، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە شەكسىز ئۇلۇغ بىر فەقىھ ئىدىكى، ئۆز دەۋرىنى ئۆزىنىڭ فىقھىسى بىلەن مەشغۇل قىلغان ۋە كىشىلەر ئۇنىڭ ئىشىدا ئىختىلاپلاشقان. چۈنكى، ئۇ كىشىلەرگە فىقھىي تەپەككۇر جەھەتتە ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر ئۇسۇلنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى ياكى ئەقەللىيسى ھېچكىم تەپەككۇردا مۇستەقىل ۋە نەزەردە رۇس بولغان ھالدا، ئۇ قوللانغان ئۇسۇلنى ئۇنىڭچىلىك قوللىنىپ باقمىغان ئىدى… شۇڭا، نەسلەرنىڭ تېگىگە چوڭقۇرلاپ كىرمەي، نەسلەرنىڭ زاھىرىغا چىڭ ئېسىلىۋالغۇچىلار ئۇنىڭغا ئاچچىقلىنىپ، ئۇنى يولدىن چىقتى دەپ قارىلاشتى. ئۇنىڭغا يەنە پىكرى ئەگرىلەرمۇ ئاچچىقلاندى. چۈنكى، ئۇلار ئۇنىڭ ئىسلام فىقھىسىدا ئەھكام ئىستىنبات قىلىشنىڭ مەھكەم تۈۋرۈكلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنىڭ چەك – چېگرالىرىنى ئايرىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئىدى.

ئۇنىڭ مېتودى

[137] ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ئەھكام ئىستىنبات قىلىش ئۈچۈن بىر مېتودنى تۈزۈپ چىقتى. ئۇ مۇپەسسەل بولمىغاندىمۇ، ھەقىقەتەن ئىجتىھادنىڭ جىمى تۈرلىرىنى جەملىگۈچى ئىدى. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئۇ مۇنداق دېگەن: «(ئاۋۋال) ئاللاھنىڭ كىتابىنى تۇتىمەن، ئۇنىڭدىن تاپالمىسام، رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىنى تۇتىمەن. ئەگەر ئاللاھنىڭ كىتابىدىنمۇ، رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىدىنمۇ تاپالمىسام، رەسۇلۇللاھنىڭ ساھابەلىرىنىڭ سۆزلىرىنى تۇتىمەن… ساھابەلەرنىڭ ئىچىدە ئۆزۈم خاھلىغان كىشىنىڭ سۆزىنى تۇتىمەن، خاھلىغان كىشىنىڭ سۆزىنى تەرك ئېتىمەن، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن باشقا كىشىلەرنىڭ سۆزلىرىگە چىقىپ كەتمەيمەن. ئىبراھىم (نەخەئىي)، شەئبىي، ئىبنى سىرىن، ھەسەن بەسرىي، ئەتاﺋ، سەئىد ئىبنى مۇسەييەب… لەرگە كەلسەك، ئۇلار ئىجتىھاد قىلغان كىشىلەر بولۇپ، مەنمۇ ئۇلار ئىجتىھاد قىلغاندەك ئىجتىھاد قىلىمەن»(49).

[138] بۇ گەپتىن چىقىدۇكى، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە كىتابنى، ئاندىن قالسا سۈننەتنى، ئاندىن قالسا ساھابەلەرنىڭ سۆزلىرىنى تۇتىدۇ، تابىئىننىڭ سۆزلىرىنى تۇتمايدۇ. مانا بۇ نەسلەر بىلەن ئىجتىھاد قىلىشتۇر. ئەمما، نەسلەرنىڭ غەيرى بىلەن ئىجتىھاد قىلىشقا كەلسەك، ئەلمەككىينىڭ «مەناقىب» دېگەن كىتابىدا ئۇنىڭ زامانداشلىرىنىڭ بىرىدىن مۇنداق كەلگەن: «ئەبۇ ھەنىفەنىڭ يولى ئىشەنچلىك بولغاننى تۇتۇش، قەبىھ بولغاندىن قېچىش، كىشىلەرنىڭ مۇئامىلىلىرى ھەققىدە ۋە ئۇلارنىڭ نېمە بىلەن رۇس بولىدىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنىڭ نېمە بىلەن ياخشىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە تەپەككۇر قىلىشتۇر. ئۇ ئىشلارنى قىياسقا سالىدۇ. قىياس قاملاشمىسا، ئىستىھسانغا سالىدۇ. ئۇمۇ قاملاشمىسا مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆرپ – ئادىتىگە سالىدۇ. ئىمام ئەبۇ ھەنىفەگە ئىجماﺋ قىلىنغان تونۇشلۇق ھەدىس يەتكۈزۈلەتتى. ئاندىن ئۇ ئەگەر قىياس قاملاشسا، شۇ ھەدىسگە باشقا نەرسىلەرنى قىياس قىلاتتى، ئاندىن ئىستىھسانغا مۇراجىئەت قىلاتتى ۋە قىياس بىلەن ئىستىھساننىڭ قايسىسى بەكرەك ئۇيغۇن بولسا، شۇنىڭغا مۇراجىئەت قىلاتتى. سەھل ئېيتىدۇ: ‹مانا بۇ ئەبۇ ھەنىفەنىڭ ئىلمىدۇر، ئۇ يەنە ئومۇمىي فۇقەھائنىڭ ئىلمىدۇر›»(50).

[139] بۇنىڭغا بىنائەن، ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان مېتودى يەتتە ئاساس ئۈستىگە قۇرۇلغان بولىدۇ:

1. كىتاب. ئۇ شەرىئەتنىڭ تۈۋرۈكىدۇر، ئاللاھنىڭ چىڭ ئارغامچىسىدۇر، قىيامەت كۈنىگىچە چاقنايدىغان شەرىئەتنىڭ نۇرىدۇر. ئۇ شەرىئەتنىڭ بارلىقىدۇر، شەرىئەت ئەھكاملىرى ئۇنى ئاساس قىلىدۇ. ئۇ ئەھكام مەنبەلىرىنىڭ مەنبەسىدۇر، ھەرقانداق بىر مەنبە ئەسل مەۋجۇدىيىتىدە ئۇنى مەنبە قىلىدۇ.

2. سۈننەت. ئۇ ئاللاھنىڭ كىتابىنى بايان قىلغۇچى، مۇجمەللىرىنى مۇپەسسەل قىلغۇچىدۇر. سۈننەت پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ رەببى تاپشۇرغان ئەلچىلىكنى يەتكۈزگەنلىكىنىڭ نامايەندىسىدۇر. سۈننەت ئىمان ئېيتىدىغان قەۋم ئۈچۈن تەبلىغدۇر. ئۇنى قوبۇل قىلمىغان ئادەم پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ رەببىنىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمىغان بولىدۇ.

3. ساھابەلەرنىڭ سۆزلىرى. چۈنكى، ئۇلار دىننى يەتكۈزگەن كىشىلەردۇر، ئۇلار «قۇرئان»نىڭ نازىل بولۇشىنى ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرگەنلەردۇر، ئۇلار ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ ھەر خىل مۇناسىۋەتلىرىنى بىلىدىغانلاردۇر، ئۇلار رەسۇلۇللاھنىڭ ئىلمىنى ئۆزىدىن كېيىنكىلەرگە يۆتكىگەنلەردۇر.

تابىئىننىڭ سۆزلىرى بۇ خىل مەرتىۋىگە ئىگە ئەمەس. چۈنكى، ساھابەلەرنىڭ سۆزلىرىدە ئۇنىڭ رەسۇلۇللاھتىن قوبۇل قىلىنغان بولۇشى ۋە نوقۇل ئىجتىھاد بىلەن ئېيتىلمىغان بولۇشى پەرەز قىلىنىدۇ. ساھابەلەرنىڭ بەزى سۆزلىرى ياكى كۆپىنچە سۆزلىرى — گەرچە ئۇ سۆزلەرنى رەسۇلۇللاھتىن قوبۇل قىلغانلىقىنى رىۋايەت قىلمىغان بولسىمۇ — پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۆزلىرىگە ئاساسلانغاندۇر. چۈنكى، ئەبۇبەكرى، ئۆمەر، ئەلى ۋە باشقىلار رەسۇلۇللاھتىن ئۆزلىرىنىڭ ئۇزاق يىل رەسۇلۇللاھقا ھەمراھ بولغانلىقىغا مۇناسىپ مىقداردا ھەدىس رىۋايەت قىلغان ئەمەس. شۇڭا، ئۇلار چوقۇملا رەسۇلۇللاھقا يالغان چاپلاپ قويۇشتىن ئەنسىرىگەنلىكتىن، رەسۇلۇللاھقا نىسبەت بەرمەستىن رەسۇلۇللاھنىڭ سۆزلىرى بىلەن پەتۋا بەرگەن.

4. قىياس. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە «قۇرئان»دىن ياكى سۈننەتتىن بىرەر نەس بولمىسا، ياكى ساھابەلەرنىڭ بىرەر سۆزىمۇ بولمىسا، قىياسنى تۇتىدۇ. قىياس دېمەك «ئورتاق بىر ئىللەتكە ئاساسەن، ھۆكمى سۆزلەنمىگەن بىر ئىشنى ھۆكمى سۆزلەنگەن يەنە بىر ئىشنىڭ قاتارىغا قوشۇش» دېمەكتۇر. ئەمەلىيەتتە قىياس ئىشنى نەسكە بويسۇندۇرۇشتۇر، يەنى باشتا نەستە سۆزلەنگەن ھۆكۈمگە مۇناسىپ سەۋەب ۋە سۈپەتلەر ئىزدىلىدۇ، ئاخىرىدا ھۆكۈمنىڭ ئىللىتى مەلۇم بولغاندا، شۇ ئىللەت ئۇيغۇن كېلىدىغان ھەرقانداق ماۋزۇغا ئاشۇ ھۆكۈم تەتبىقلىنىدۇ. بەزى ئالىملار بۇنى «نەسلەرنى تەفسىرلەش» دەپمۇ ئاتىغان. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە قىياس بىلەن ئەھكام ئىستىنبات قىلىشتا يۇقىرى چوققىغا يەتكەن ۋە شۇ ئارقىلىق ئەڭ يۈكسەك فىقھىي مەرتىۋىگە يەتكەن… ئۇ ئىللەت ئىزدەيتتى، ئۇنى تاپقاندا، ئىللەتنى سىناپ كۆرۈشكە باشلاپ، ھەر خىل پەرەزلەرنى قىلىپ باقاتتى ۋە شۇ ئېرىشكەن ئىللەتنى تەتبىقلاپ بېقىش ئۈچۈن يۈز بەرمىگەن ۋەقەلەرنى مۆلچەرلەپ باقاتتى. ئەنە شۇ تۈرلۈك فىقھ «فىقھ پەرەزىي» دەپ ئاتىلىدۇ. چۈنكى، يۈز بەرمىگەن ۋەقەلەر پەرەز قىلىنىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭ ھۆكمى بايان قىلىنىدۇ. ئېرىشكەن ئىللەتنى سىناپ كۆرۈش ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلىنىدۇ.

5. ئىستىھسان. ئىستىھسان دېمەك «زاھىر قىياسنىڭ تەقەززاسىدىن ئۇنىڭغا مۇخالىپ يەنە بىر ھۆكۈمگە چىقىش» دېمەكتۇر. مۇنداق قىلىشنىڭ سەۋەبى، بىر بولسا تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق زاھىر قىياسنىڭ بەزى جۇزئىيياتتا سالاھىيەتسىز ئىكەنلىكى ئوچۇقلاشقان. شۇنىڭ بىلەن يەنە بىر ئىللەت ئىزدىلىدۇ. مۇشۇ ئىللەتنىڭ تەلىپىگە ئەمەل قىلىش «يوشۇرۇن قىياس (الْقِيَاسُ الْخَفِيُّ)» دەپ ئاتىلىدۇ. يەنە بىر بولسا زاھىر قىياس بىر نەس بىلەن تاقىشىپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن نەس تۈپەيلى قىياس تەرك ئېتىلىدۇ. چۈنكى، قىياسنىڭ تەلىپىگە ئەمەل قىلىش بىرەر نەس بولمىغان چاغدا بولىدۇ. يەنە بىر بولسا قىياس ئىجمائغا مۇخالىپ كەلگەن ياكى ئۆرپ – ئادەتكە مۇخالىپ كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن قىياس تەرك ئېتىلىپ، ئىجمائنىڭ ياكى ئۆرپ – ئادەتنىڭ تەقەززاسى بويىچە ئىش تۇتۇلىدۇ.

6. ئىجماﺋ. بۇ تېگىدىن ھۆججەتتۇر. ئۇ دېگىنىمىز «مەلۇم بىر دەۋردىكى مۇجتەھىدلەرنىڭ مەلۇم بىر ھۆكۈمگە بىرلىككە كېلىشى»دۇر. ئالىملار ئۇنىڭ ھۆججەت ئىكەنلىكىگە ئىتتىپاقلاشقان، لېكىن ئۇلار ئىجمائنىڭ ساھابەلەر دەۋرىدىن كېيىن مەۋجۇد بولۇشىدا ئىختىلاپلاشقان. ئىمام ئەھمەد ساھابەلەرنىڭ بىرلىشىشى ۋە ئىتتىپاقلىشىشى مۇمكىن بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىجمائنىڭ ساھابەلەرنىڭ دەۋرىدە بولۇشىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، ساھابەلەرنىڭ دەۋرىدىن باشقا دەۋردە ئىجمانىڭ بولۇشىنى ئىنكار قىلغان ۋە «ساھابەلەرنىڭ دەۋرىدىن كېيىن فۇقەھائنىڭ ئىتتىپاققا كېلىشى مۇمكىن بولمايدۇ» دەپ قارىغان.

7. ئۆرپ – ئادەت. بۇ دېگىنىمىز «‹قۇرئان› ۋە سۈننەتتىن ھېچبىر نەس كەلمىگەن ياكى ساھابەلەرنىڭ ئەمەلىمۇ كەلمىگەن بىر ئىشتىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئومۇمىي پائالىيىتى»دۇر. بۇ ھۆججەت ھېسابلىنىدۇ. ئۆرپ – ئادەت ئىككى قىسىمدۇر: ساغلام ئۆرپ – ئادەت ۋە بۇزۇق ئۆرپ – ئادەت. ساغلام ئۆرپ – ئادەت ھېچبىر نەسكە خىلاپ كەلمەيدىغان ئۆرپ – ئادەتتۇر. بۇزۇق ئۆرپ – ئادەت بىر نەسكە خىلاپ كەلگەن ئۆرپ – ئادەتتۇر. بۇزۇق ئۆرپ – ئادەت ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ، ساغلام ئۆرپ – ئادەت نەس كەلمىگەن يەردە ھۆججەتتۇر.

ئەبۇ ھەنىفەنىڭ فىقھىسىنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى

[140] ئىمام ئەبۇ ھەنىفە بازارلاردا سودا قىلىشقا ماھىر تىجارەتچى ئىدى. ۋاقتىنى تىجارەت، فىقھ ۋە ئىبادەتلەرگە تەقسىملەيتتى ۋە ئاشۇ ئۈچ تەقسىمات ئىچىدە فىقھقا ئەڭ چوڭ ئۈلۈشنى بېرەتتى.

ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ھۆر ئىنسان ئىدى، ئۆزىنىڭ ھۆرلۈكىگە ھۆرمەت قىلغاندەك، باشقىلارنىڭمۇ ھۆرلۈكىگە ھۆرمەت قىلاتتى. شۇڭا، ئۇنىڭ فىقھىسى مۇنداق ئىككى خىل ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان: بىرى، ئۇنىڭدىكى سودىگەرلىك روھى. ئىككىنچىسى، شەخسىي ھۆرلۈكنى ھىمايە قىلىش.

بىرىنچى ئالاھىدىلىك يەنى سودىگەرلىك ئالاھىدىلىكىگە كەلسەك، بۇ ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ فىقھىسىدا سودىگەرلىك پىكرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇشىدا گەۋدىلىنىدۇ. ئۇ سودىغا چېتىشلىق ئىسلامىي توختاملاردا تىجارەتچىلەردەك تەپەككۇر قىلاتتى. چۈنكى، ئۇ تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان، تىجارەتنىڭ قائىدە – يوسۇنلىرىنى بىلگەن ۋە كىشىلەرنىڭ تىجارەت مۇناسىۋەتلىرىنى ئېنىقلاپ كۆرگەن. نەتىجىدە كىتاب ۋە سۈننەتتىن ئىبارەت شەرىئەتنىڭ نەسلىرى بىلەن كىشىلەرنىڭ مۇئامىلىلىرىنى ماسلاشتۇرغان.

بۇ تەرىپى ئۇنىڭ مېتودىدىكى ئىككى ئىشتا ئوچۇق روشەندۇر:

بىرى: ئۇنىڭ ئۆرپ – ئادەتنى شۇ سەۋەبلىك قىياس تەرك ئېتىلگۈدەك دەرىجىدە شەرئىي بىر ئاساس سۈپىتىدە قوللىنىشى. (ئۇنىڭ نەزەرىدە) سودا ئۆرپ – ئادىتى تىجارەتنىڭ ۋە تىجارەتچىلەر ئارىسىدىكى مۇئامىلىلەرنىڭ مۇقىم مىزانىدۇر.

يەنە بىرى: ئۇنىڭ ئىستىھساننى قوللىنىشى. چۈنكى، ئىستىھساننىڭ ئاساسى مۇنداق: فىقھىي قىياسنى تەتبىقلاش بىرەر قەبىھلىككە ياكى مەسلەھە بىلەن ياكى سودا ئۆرپ – ئادىتى بىلەن ماسلاشمايدىغان بىرەر مۇئامىلىگە ئېلىپ بارىدۇ دەپ قاراپ، قىياسنى تەرك ئېتىش ۋە ئىستىھساننى تۇتۇشتۇر. بۇ يەردىكى ئىستىھسان بىرەر شەرئىي نەسكە ئۇيغۇن بولغان مەسلەھەنى تايانچ قىلىدۇ ياكى ئۆرپ – ئادەتنى ۋە كىشىلەرنىڭ ئارىسىدىكى مۇئامىلىنى تايانچ قىلىدۇ.

ئىمام ئەبۇ ھەنىفە فۇقەھائ‍ ئارىسىدا ئىستىھسان بابلىرىنى تاللاشقا ئەڭ قابىل فەقىھ ئىدى، ھەتتا ئىمام مۇھەممەد ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ شاگىرتلىرىنىڭ قىياسىي مەسىلىلەردە ئىمام ئەبۇ ھەنىفە بىلەن تالىشىدىغانلىقى، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە: «ئىستىھسان قىلىمەن» دېگەندىن كېيىن ھېچكىمنىڭ ئۇنىڭغا يېتەلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ سەلەم، مۇرابەھە، تەۋلىيە، ۋەزىيئە(51) ۋە شېرىكچىلىكلەردەك سودا توختاملىرىدىكى قاراشلىرى فۇقەھائ‍ ئارىسىدىكى قاراشلارنىڭ ئەڭ پۇختىسى ۋە ئەڭ ئىنچىكىسىدۇر. ئۇ مۇشۇ سودا توختاملىرىنىڭ ھۆكۈملىرىنى تەپسىلىي بايان قىلغان تۇنجى كىشىدۇر.

ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ يۇقىرىقى سودا توختاملىرىدىكى مەسىلە شاخلىتىشلىرىنىڭ مۇنداق تۆت قەيتكە باغلانغانلىقىنى كۆرىمىز:

1. (تىجارەتتە پۇل ۋە مالدىن ئىبارەت ئالماشتۇرۇشىدىغان) بەدەلنى ئېنىق بىلىش، نىزاغا سۆرەپ بارىدىغان ھېچقانداق مەجھۇللۇق قالماسلىق؛ چۈنكى، ئالماشتۇرۇشىدىغان ئىككى بەدەلنى تولۇق بىلىش شەرىئەتتىكى توختاملارنىڭ ئاساسىدۇر. شۇنداق بولغاندا، ئالدامچىلىق، ساختىلىق بولمايدۇ، جېدەل – ماجىراغا يول ئېچىلمايدۇ. توختام قىلغاندا ئوچۇق سۆزلىشىش كىشىلەر ئارىسىدىكى مېھىر – مۇھەببەتنى ئۈزۈۋېتىدىغان ۋە بىرتەرەپ قىلىشتا قازىنىمۇ گاڭگىرىتىپ قويىدىغان كېيىنكى كۆپلىگەن ماجىرالارنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

2. جازانە ۋە جازانە شۈبھىسىدىن يىراق تۇرۇش؛ جازانە بارلىق تۈرلىرى بىلەن ئىسلامدىكى ئەڭ ئۆچ كۆرۈلىدىغان ئىشتۇر ۋە ھاراملىقى ئەڭ قاتتىقتۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دەيدۇكى: «دِرْهَمُ رِباً أَشَدُّ عَلَى اللهِ مِنْ سِتٍّ وَثَلَاثِينَ زَنْيَةً، مَنْ نَبَتَ لَحْمُهُ مِنَ السُّحْتِ فَالنَّارُ أَوْلَى بِهِ / جازانە بىلەن بىر دەرھەم تېپىپ يېيىش 36 قېتىم زىنا قىلغاندىنمۇ بەتتەر چوڭ گۇناھتۇر. گۆشى ھارامدىن ئۆسكەن ئادەم دوزاخقا ئەڭ لايىقتۇر»(52). دېمەك، جازانە ئارىلاشقان ھەرقانداق توختام باتىلدۇر. يامانلىقنىڭ يولىنى ئېتىش ۋە كىشىلەرنىڭ ماللىرىنى ناھەق يەۋېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، جازانە شۈبھىسى بولغان ھەرقانداق توختام باتىل بولىدۇ.

3. نەس بولمىغان ئەھۋالدا، ئاشۇ تىجارەت توختاملىرىدا ئۆرپ – ئادەتنىڭمۇ ھۆكمى بار، ئۆرپ – ئادەتكە ئۇيغۇن كەلگىنى ئېلىنىدۇ، ئۆرپ – ئادەتكە ئۇيغۇن كەلمىگىنى تاشلىنىدۇ؛

4. بۇ سودا توختاملىرىدىكى ئاساس ئىشەنچتۇر. ئىشەنچ بارلىق ئىسلامىي توختاملاردا، بەلكى بارلىق ئەمەللەردە ئاساس بولغان ئىكەن، بۇ ئىشەنچ مۇرابەھە، تەۋلىيە ۋە شۇنىڭغا ئوخشايدىغان سودا تۈرلىرىنىڭمۇ فىقھىي ئاساسىدۇر. چۈنكى، سېتىۋالغۇچى ساتقۇچىنىڭ ئېغىزىدىن چىققان باھاغا پاكىتسىز ۋە قەسەمسىزلا ئىشىنىدۇ. ئۇنداق بولغان ئىكەن، بۇ ئىشەنچنى خىيانەتتىن ۋە تۆھمەتتىن ساقلاش ۋاجىب.

مانا بۇلار سودا توختاملىرى ھەققىدە ئىمام ئەبۇ ھەنىفەدىن قالغان بارلىق فىقھىي فۇرۇئاتتىكى مۇستەھكەم ئاساسلاردۇر. بۇلار ئۇنىڭ دىنىي خاھىشى، گۇناھتىن يىراق تۇرۇش چۈشەنچىسى بىلەن ئۇيغۇنلىشىدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭ سودا تەجرىبىسى بىلەن ئۇيغۇنلىشىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ مېتودىدا ئوتتۇرىغا قويغان ئومۇمىي پرىنسىپلىرى بىلەن ئۇيغۇنلىشىدۇ.

ھۆر فەقىھ

[141] دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ فىقھىسى شەخسىي ئەركىنلىك ئالاھىدىلىكىگە ئىگىدۇر. ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن، ئۇ ئۆزىنىڭ فىقھىسىدا ئىنسان ئاقىللا بولىدىكەن، ئىنساننىڭ ئىش – ھەرىكەتلىرىدىكى ئىرادىسىگە ھۆرمەت قىلىشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلەتتى. ئۇ ھېچكىمنىڭ ئاقىلنىڭ خۇسۇسىي ئىش – ھەرىكەتلىرىگە ئارىلىشىشىغا رۇخسەت قىلمايتتى. مادامىكى شەخس بىرەر دىنىي ئىشنى دەپسەندە قىلمىسىلا، جامائەتنىڭ ۋە جامائەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئىش بېشىنىڭمۇ شەخسنىڭ خۇسۇسىي ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ھەققى بولمايتتى. بىرەر دىنىي ئىشنى دەپسەندە قىلغاندا، شۇ چاغدا تۈزۈمنى ساقلاش ئۈچۈن دىنىي نازارەت ھەرىكەتكە ئۆتىدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ شەخسنى خۇسۇسىي ھاياتىدا مۇئەييەن بىر تۈزۈمدە ياشاشقا ياكى ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ مېلىنى مەخسۇس بىر تەرزدە باشقۇرۇشقا زورلاش ئۈچۈن ئەمەس، تۈزۈمنى ساقلاش ئۈچۈندۇر.

مەدەنىيەتلەرگە ئىگە خەلقلەرنىڭ كونا – يېڭى تۈزۈملىرىنىڭ كىشىلەرنى ئىسلاھ قىلىشتا مۇنداق ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدىغانلىقىنى كۆرىمىز:

بىرىنچى قىسىم: كوللىكتىپلىق خاھىشى ئېشىپ كەتكەن يۆنىلىش. بۇ چاغدا شەخسنىڭ يېقىندىن ياكى يىراقتىن كوللېكتىپقا ئالاقىدار بولغان پۈتۈن ئىشلىرى دۆلەتنىڭ نازارىتى ئاستىدا بولىدۇ. بۇنى ھازىرقى بەزى مەۋجۇد تۈزۈملەردە كۆرۈۋاتىمىز ھەم يوقاپ تۈگىگەن بىر قىسىم تۈزۈملەردىمۇ كۆردۇق.

ئىككىنچى قىسىم: ئىنسانىي ئىرادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئۇنى تۈرلۈك ۋاسىتىلەر بىلەن تەربىيىلەپ، ياخشىلىق تەرەپكە يۈزلەندۈرۈش، ئاندىن ئۇنى نازارەتسىز ئۆز ئىختىيارىغا قويۇپ بېرىش تۈزۈمى. ھالبۇكى بۇ ئىرادە ئۆز ئىختىيارىغا قويۇپ بېرىلگەن چاغدا، ئۇنى يامانلىقلاردىن ساقلايدىغان ۋە ئۇنى زىياندىن يىراق تۇتىدىغان ئەخلاقىي ۋە دىنىي يۈگەنلەر بىلەن باغلانغان بولىدۇ.

ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ئىككىنچى تۈزۈمگە مايىل بولغانىدى. بۇ تەرىپى ئۇنىڭ ئاقىل ۋە بالىغ ئايالنىڭ نىكاھىغا ۋەلىيلىكنى شەرت قىلماسلىقىدا، ئەقلى كەمتۈك، بىخۇد ۋە قەرزدارنى (ئىقتىسادىي) تەسەررۇپتىن چەكلەشكە ئۇنىماسلىقىدا ئايان بولىدۇ. ئاندىن ئۇ ۋەقف قىلغاندىن كېيىن يېنىۋېلىشقا بولمايدىغانلىقىغا ئۇنىمايدۇ. چۈنكى، ئۇ بۇنى ئىگىدارنىڭ ئەركىنلىكىگە چەك قويغانلىق دەپ قارايدۇ ۋە ئىگىدارنىڭ ئۆزىنىڭ مۈلكى دائىرىسىدىن چىقىپ كەتمەي مۈلكىنى خاھلىغانچە ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىدۇ. قېنى بۇ ئىشلارنىڭ ھەربىرىگە ئازراق ئىشارەت قىلىپ ئۆتەيلى!

ئاقىل ئايال ئۆزىنىڭ نىكاھىغا ئۆزى ۋەلىي بولىدۇ

[142] فۇقەھائ‍ ھېچكىمنىڭ ھۆر بالىغ ئايالنى ئۇ خاھلىمىغان ئەرگە زورلاش ھەققى يوقلۇقىغا ئىتتىپاقلاشقان. لېكىن، بىر رىۋايەتتە، ئىمام شافىئىي ۋەلىينىڭ قىزنى — ئاقىل بالىغ بولغان تەقدىردىمۇ — زورلىشىنى جائىز سانىغان، لېكىن ھېچكىم ئۇنىڭ بۇ قارىشىغا قوشۇلمىغان.

فۇقەھائ‍ ئاقىل، بالىغ ئايالنى ئۇ خاھلىمىغان كىشىگە زورلىماسلىققا ئىتتىپاقلاشقان بولسىمۇ، ئۇلار ئىمام ئەبۇ ھەنىفە بىلەن ئوخشىمىغان قاراشتا بولغان. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، قىزنىڭ ۋەلىيسى قىزنى نىكاھقا قىستىيالمايدۇ، قىزمۇ ۋەلىينىڭ ئىرادىسىسىز نىكاھلىنالمايدۇ، قىزنىڭ ماقۇللۇق سۆزى نىكاھنىڭ باغلىنىشىغا يەتمەيدۇ، بەلكى قىزنىڭ ئىختىيارلىقىغا ئۇنىڭ ۋەلىيسى ئىشتىراك قىلىدۇ، بەلكى نىكاھ لەفزىگە ۋەلىي ئىگە بولىدۇ.

بۇ كۆپچىلىك فۇقەھائنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرگەن قارىشىدۇر، لېكىن ھۆر ئەبۇ ھەنىفە ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە قارشى يول تۇتقان ۋە (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن!) شۇ قارىشى بىلەن فۇقەھائ‍ ئارىسىدا يالغۇز قالغان. ئۇنىڭ شاگىرتى ئەبۇ يۈسۈفنىڭ ئۇستازىنىڭ قارىشىغا قوشۇلغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان، لېكىن يەنە بىر رىۋايەتتە ئۇنىڭ كۆپچىلىككە قوشۇلۇپ، ئۇستازىنى تەرك ئەتكەنلىكى ئېيتىلغان.

ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ بۇ قاراشتا يالغۇزلۇقى ئۇنىڭ شەخسىي ئەركىنلىككە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنىڭ دەلىلى.

ئۇنىڭ بۇ قارىشىغا بىنائەن، ھۆر ئاقىل كىشىگە ۋەلىي كەتمەيدۇ، ۋەلىي تەيىنلەنگەن تەقدىردىمۇ، بۇ تەيىنلەش ئۇنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن بولىدۇ. ئەگەر بۇ مەنپەئەت ئەركىنلىككە تاقاشسا، بۇ ۋەلىيلىكنىڭ ئەھمىيىتى بولمايدۇ. چۈنكى، ئەركىنلىككە چەك قويۇش زىياندۇر. ئەركىنلىككە چەك قويۇش پەقەت ئۇنىڭدىنمۇ ئېغىرراق بىر زىياننى توسۇش ئۈچۈنلا دۇرۇس بولىدۇ.

ئاندىن ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ئېيتىدۇ: «ئايال كىشىنىڭ تولۇق مۈلۈك ئىگىدارلىق ھوقۇقى بار، شۇڭا ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ نىكاھىغا تولۇق ئىگە بولۇش ھوقۇقى بولۇشى لازىمدۇر». ئاندىن ئۇ يىگىت بىلەن قىزنىڭ نىكاھتا باراۋەر ئىكەنلىكىنى، نىكاھ ئىشىدا يىگىت ئۆزىگە تولۇق ئىگە بولالىغاندەك، قىزمۇ نىكاھ ئىشىدا ئۆزىگە تولۇق ئىگە بولالايدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.

لېكىن، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئايال كىشىنىڭ گاھىدا جورىسىنى ياخشى تاللىيالمايدىغانلىقىنىمۇ كۆزدە تۇتقان. ئەگەر جورىنى ياخشى تاللىيالمىسا، ئايال كىشىنىڭ ئائىلىسىگە ئار – نومۇس بولىدىغان گەپ. فۇقەھائ‍ مانا مۇشۇنى كۆزدە تۇتۇپ، ئايال كىشىنى ۋەلىيسى قوشۇلماستىن نىكاھلىنىشتىن چەكلىگەن. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە بۇ ئىشنى قانداق ھەل قىلىدۇ؟ شۈبھىسىزكى، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ئايال كىشىگە ئەركىنلىك بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنىڭ ئائىلىسى ئۈچۈنمۇ ئېھتىياتچان بولىدۇ. ئۇ ئايال كىشىنىڭ ئۇنىڭ ئائىلىسىگە لايىق كېلىدىغان بىر لايىق بىلەن نىكاھلىنىشىنى شەرت قىلىدۇ. ئەگەر ئايال كىشى ۋەلىيسى رازى بولمايدىغان بىر نالايىق كىشىنى تاللىسا، ئىمام ئەبۇ ھەنىفەدىن رىۋايەت قىلىنغان سەھىھرەك قاراشتا، نىكاھ ئەقدەسى بۇزۇلىدۇ.

بۇ جەھەتتە ئۇنىڭ بىلەن باشقا فۇقەھائ‍ ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپنىڭ خۇلاسىسى شۇكى، كۆپچىلىك فۇقەھائ‍ لايىقنى ياخشى تاللىيالماسلىقتىن ۋە ئائىلىگە ئار – نومۇس كېلىشتىن ئەنسىرىگەنلىكتىن، ئەركىنلىكنى چەكلەيدۇ. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە بولسا «ئەركىنلىككە چەك قويۇشنىڭ ئۆزى ئېغىر زىياندۇر، بولۇشىمۇ ۋە بولماسلىقىمۇ ئېھتىماللىق بولغان بىر زىياندىن ئېھتىيات قىلىپ، ئەركىنلىككە ئېغىر زىيان كەلتۈرۈشىمىز توغرا ئەمەس، بەلكى ئەركىنلىكى قويۇپ بېرىلىدۇ، ئەگەر ئايال كىشى راستتىنلا ياخشى تاللىيالمىسا، نىكاھ ئەقدەسى بۇزۇلىدۇ» دەپ قارايدۇ. ئۇ بۇ ئارقىلىق ئەركىنلىككىمۇ ۋە ۋەلىيلەرگىمۇ تەڭ ئېھتىياتچان بولىدۇ.

ئاقىلنى تەسەررۇپتىن چەكلەش يوق

[143] ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ئەقلى كەمتۈكنىمۇ، گالۋاڭنىمۇ تەسەررۇپتىن چەكلىمەيدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ قارىشىچە، شەخس مەيلى ئۇ ئەقلى كەمتۈك بولسۇن ياكى بولمىسۇن، ئاقىل ھالدا بالاغەتكە يېتىش بىلەن مۇستەقىل ئىنسانلىق دەرىجىسىگە يەتكەن بولىدۇ. كىمكى ئەقلى كەمتۈكلۈك سەۋەبىدىن پۇل – مېلىنى بۇزۇپ چاچىدىغان بولسا ياكى بىخۇدلۇق قىلىپ پۇل – مېلىدىن ياخشى پايدىلىنالمايدىغان بولسا، ھېچكىمنىڭ ئۇنى تەسەررۇپتىن چەكلەش ھەققى يوق. چۈنكى، ھېچكىم ئۇنىڭغا ھاكىم ئەمەس. مادامىكى پۇل – مېلى بىلەن بىركىمگە زىيان سالمىغان بولسا، ئۇ ئۆزىنىڭ پۇل – مېلىدا ئىختىيارلىق ئىگىسىدۇر. ئۇنى چەكلەپ مېلىنى ئىدارە قىلىشتىن توسۇشتا ھېچبىر مەسلەھە يوقتۇر. چۈنكى، ئۇنى چەكلەپ قويۇش ئۇنىڭ ئىنسانلىقىنى دەپسەندە قىلغانلىقتۇر، ئۇنىڭ ھۆرمىتىنى يەرگە ئۇرغانلىقتۇر. ئىنساننىڭ ئۆزى ئىگە بولغان ماللارنى ئىدارە قىلىشتا مۇستەقىل بولۇشى، ياخشى تەسەررۇپاتىدىن ياخشىلىققا ئېرىشىشى، يامان تەسەررۇپاتىدىن يامانلىققا ئېرىشىشى ئىنساننىڭ ئىنسانلىق تەقەززاسى بىلەن ھەقلىق بولىدىغان ئىنسانىي ھۆرمىتىدۇر. ھۆر ئىمامنىڭ قارىشىچە، ئەقلى كەمتۈك كىشىنى چەكلەپ قويۇشنىڭ ئۆزى بىر زىياندۇركى، ئۇنىڭ مېلىنىڭ زايە بولۇش زىيىنى بۇ زىيانغا تەڭ كېلەلمەيدۇ. چۈنكى، ھۆر ئىنسان ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىرادىسىنى دەپسەندە قىلىشتىنمۇ ئەلەملىك ئىش يوق.

ھېچكىم «ئەقلى كەمتۈكلەرنى ياكى ئاقىل بىخۇدلارنى تەسەررۇپتىن چەكلەش جەمئىيەتكە مەنپەئەتلىك» دېيەلمەيدۇ. چۈنكى، پۇل – ماللارنىڭ ئۇنى ياخشى باشقۇرالمايدىغان كىشىنىڭ زىممىسىدە قېلىپ، پۇل – مالنى قوغداشقا باشقا بىرىنى تەيىنلەشنىڭ ئورنىغا، پۇل – ماللارنىڭ ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنالايدىغان قوللارغا يۆتكىلىشى جەمئىيەتنىڭ ھەقىقىي مەنپەئەتىدۇر. چۈنكى، ماللارنىڭ قاتمال قوللاردىن ھەرىكەتچان قوللارغا ئۆتۈشى جەمئىيەتنىڭ مەنپەئەتىدۇر. ئەگەر پۇل – مال ئەخمەق بىر قولغا تېگىپ، ئۇ قول پۇل – مالنى تۇتالمىسا تاشلىسۇن، ئۇنى مۇھاپىزەت قىلىپ پايدىلىنىدىغان باشقا بىر قول ئالىدۇ.

ئىمام ئەبۇ ھەنىفە: «مەن ھەقىقەتەن يىگىرمە بەش ياشقا كىرگەن بىر ئادەمنى تەسەررۇپتىن چەكلەشتىن ھايا قىلىمەن» دەيتتى. بۇ ئۇنىڭ ئىنسانلىقنى، ئەركىنلىكنى قانچىلىك ھۆرمەتلىگەنلىكىنىڭ ھەمدە ئۇنىڭ نەزەرىدە ئىنساننىڭ ئورنىنىڭ ئۈستۈن ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن ۋە ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!

مىسىر سوتچىلىقىدا جارى بولۇۋاتقان تەجرىبىلەر شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئەقلى كەمتۈكلەرنى ياكى بىخۇدلارنى تەسەررۇپتىن چەكلەش ئۈچۈن ئېچىلغان دەۋالاردا، مال ئىگىسىنىڭ مەنپەئەتى كۆزلەنمەستىن، بەلكى زىيان سېلىش ۋە ياخشى ئىش قىلىشتىن توسۇش كۆزلەنگەن. بۇنداق قىلىشقا بەزى مىراسخورلارنىڭ مەنپەئەتپەرەسلىكى تۈرتكە بولغان. بۇ چەكلەش بەزى فۇقەھائنىڭ نەزەرىدە مىراسخورلارنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن ئەمەستۇر. چۈنكى، مال ئىگىسى تىرىك ھالىتىدە، مىراسخورلارنىڭ مالدا ھەققى يوق.

قەرزدار ۋە ھېچبىر مۈلۈكدار ئۆزىنىڭ مۈلكىنى تەسەررۇپ قىلىشتىن چەكلەنمەيدۇ

[145] ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ھېچبىر ئەقلى كەمتۈكنى ۋە ھېچبىر بىخۇدنى مۈلكىنى تەسەررۇپ قىلىشتىن چەكلىمىگەندەك، قەرزدارنىمۇ چەكلىمەيدۇ ۋە ئۇنى — گەرچە ئۇنىڭ قەرزلىرى ئۇنىڭ پۈتۈن مۈلكىنى ئىگىلەپ كەتكۈدەك كۆپ بولغان تەقدىردىمۇ — مېلىنى تەسەررۇپ قىلىشتىن مەنئى قىلمايدۇ. لېكىن، قەرزدار سۈيلەش بىلەن، سولاش بىلەن ۋە جىسمانىي زورلاش بىلەن قەرزنى ئادا قىلىشقا مەجبۇرلىنىدۇ. چۈنكى، ئۇ زالىمدۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتقانكى: «لَيُّ الْوَاجِدِ يُحِلُّ عِرْضَهُ وَعُقُوبَتَهُ / قول – ئىلكىدە بار تۇرۇپ قەرزىنى قايتۇرمىغان كىشىگە قاتتىق گەپ قىلىش ۋە ئۇنى سولاپ قويۇش دۇرۇس بولىدۇ»(53). لېكىن، ئۇنىڭ تەسەررۇپ ئىرادىسى ۋە سۆز قارارى بىكار قىلىنمايدۇ. كۆپچىلىك فۇقەھائ‍ بۇ خىل جىسمانىي جازالارنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە قەرزدارنىڭ مېلىدىكى سۆز ھەققىنىڭ بىكار قىلىنىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. نەتىجىدە قەرزدار قەرزىنى تۆلىمىگۈچە، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ مۈلكىنى تەسەررۇپ قىلىشى ھالال بولمايدۇ ۋە قەرزى مېلىدىن ئېشىپ كەتمىسىمۇ، ئۇنىڭ مېلى قەرزىنىڭ بەدىلىگە مەجبۇرىي سېتىلىدۇ.

ئىمام ئەبۇ ھەنىفە بولسا ئۆزىنىڭ فىقھىسىدا قەرزدارنىڭ ئىرادىسىنى بىكار قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ مېلىدا باشقىلارنى سۆز ئىگىسى قىلىشقا قارشى تۇرىدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ قارىشىچە، ئىگىلىك ۋە ئەركىنلىك بىر – بىرىنى لازىم تۇتىدىغان ئىككى ئۇقۇمدۇر، ئىگىلىك ھوقۇقى بولغان يەردە تەسەررۇپ ئەركىنلىكىمۇ بولىدۇ. بۇ ئىككىسى ئايرىۋېتىلمەيدۇ. ئەركىنلىك ئالدىدا ھەردائىم ئەركىنلىك تەرەپ ئۇندىن باشقا تەرەپلەرگە غالىب كېلىدۇ.

[145] ئىمام ئەبۇ ھەنىفە مۈلۈك باشقۇرۇش ئەركىنلىكىنى قوغداش يولىدا، قازىلىق (سوت) نىڭ ئارىلىشىپ مۈلۈكدارنىڭ ئەركىنلىكىگە چەك قويۇشىغا رۇخسەت بەرمەيدۇ. ئەگەر مۈلۈكدارنىڭ ئۆزىنىڭ مۈلكى دائىرىسىدىكى تەسەررۇپىدا باشقىلارغا بىرەر زىيان كېلىپ قالسا، بۇنى ئويغاق دىنىي ۋىجدانغا قالدۇرۇپ قويىدۇ. چۈنكى، قازىلىقنىڭ ئارىلىشىشى ئۆزئارا ئۆچ كۆرۈشۈشكە، خۇسۇمەتكە ۋە دىنىي ئاڭنى ئاجىزلىتىشقا ئېلىپ بارىدۇ. دىنىي ئاڭ ئاجىزلىسا، ئۇنىڭ ئورنىنى باسىدىغان ھېچنېمە يوقتۇر، ھالبۇكى دىنىي ئاڭنىڭ ئۆزىلا باشقىلارنىڭ ھەققىگە چېقىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا يېتەرلىكتۇر. مەسىلەن، ھەر كىشىگە قوشنىسى بىلەن ياخشى ئۆتۈشنىڭ ئىككىلىسىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتى ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇش كىشىنى ياخشىلىققا ئۈندىشى مۇمكىن. ئەگەر قازىلىق كېلىپ ئارىلىشىپ ھۆكۈمنى تاڭسا، ئورتاق مەنپەئەت تۇيغۇسى ئاجىزلىشىدۇ، ئەركىن ئىختىيارىي ھەمكارلىشىش ئورنىغا دەتالاش بولىدۇ. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ھەقىقەتەن كەڭ قورساقلىق مەنىلىرىنى يوقىتىدىغان زورلىغۇچى قازىلىقتىن كىشىلىك مۇناسىۋەت ئىشلىرىدا دائىما دىنغا باغلانغان كەڭ قورساق ئەركىنلىكنى ئارتۇق كۆرىدۇ.

رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر ئادەم ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ قېشىغا كېلىپ، تېمىنىڭ يېنىغا قوشنىسىنىڭ قۇدۇق كولىغانلىقى، كۈن ئۆتكەنسېرى قۇدۇقنىڭ تامغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىنلىكىنى شىكايەت قىلدى. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ئۇنىڭغا:

— ئەھۋالنى قوشناڭغا دە، — دېۋىدى، ئۇ:

— دېدىم، بىراق زالىملىق قىلىپ ئۇنىمىدى، — دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئىمام ئەبۇ ھەنىفە:

— سەنمۇ ھويلاڭغا ئۇنىڭ قۇدۇقىنىڭ ئۇدۇلىغا بىر ئەۋرەز كولا، — دېدى. ئۇ كىشى شۇنداق قىلىۋېدى، مەينەت ئەۋرەزنىڭ سۈيى قۇدۇققا باردى، شۇنىڭ بىلەن قۇدۇق ئىگىسى قۇدۇقنى تىندۇرۇۋەتتى. ئۇنىڭ بەرگەن مەسلىھەتى قوشنىغا ھەمكارلىق ئۇقۇمىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

ئىمام ئەبۇ ھەنىفە مۈلۈك باشقۇرۇش ئەركىنلىكى يولىدا، يېنىۋېلىشقا بولمايدىغان شەكىلدىكى ۋەقفنى جائىز سانىمىغان. چۈنكى، ئۇنىڭ نەزەرىدە يېنىۋېلىشقا بولماسلىق ئىگىدارنىڭ ئۆزىنىڭ مۈلكىنى باشقۇرۇشقا قادىر بولماسلىقىنى تەقەززا قىلىدۇ. چۈنكى، بۇ خىل ۋەقف ئۇنى مۈلكىدىن پايدىلىنىشتىن چەكلەيدۇ. ئەبۇ ھەنىفە ئۆزىنىڭ مۈلكىدىن پايدىلىنىشقا ئىگە بولالمايدىغان بىر مۈلۈكدارنى تەسەۋۋۇر قىلمايدۇ. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە «ۋەقف قىلىش مالنى ئىگىدارنىڭ ئىلكىدىن چىقىرىۋېتىدۇ» دەپ تەسەۋۋۇر قىلمايدۇ، بىراۋنىڭ ئىگىلىكى بولغان بىرنەرسىنىڭ ئىگىسىز بىرنەرسىگە ئايلىنىپ قېلىشىنى تونۇمايدۇ. «ۋەقف قىلىنغان مال ئاللاھنىڭ مۈلكىگە ئايلىنىدۇ» دېگەن گەپلەرنى ئىمام ئەبۇ ھەنىفە مەنىسىز گەپ دەپ قارايدۇ. چۈنكى، ھەممە نەرسە ئاللاھ تائالانىڭ مۈلكى، ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر.

ئۇ ۋەقفنى پەقەت مەسجىدلەردىلا تەسەۋۋۇر قىلىدۇ. چۈنكى، مەسجىدلەر ئاللاھ تائالاغىلا خاستۇر، ئاللاھ تائالا مەسجىدلەرنىڭ ئىگىلىكىنى ئۆزىگە نىسبەت بەرگەن.

ئىمام ئەبۇ ھەنىفە مەزھەبىنىڭ نەقىل قىلىنىشى

[146] ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ئۇنىڭغا نىسبەت بېرىلگەن كىچىك رىسالەلەردىن باشقا كىتاب يازمىغان. ئۇنىڭ رىسالەلىرىدىن «ئەلفىقھۇل ئەكبەر (الْفِقْهُ الأَكْبَرُ)» دېگەن رىسالەسى، ‏«ئالىم ۋە مۇتەئەللىم (الْعَالِمُ وَالْمُتَعَلِّمُ)» دېگەن رىسالەسى، ئۇنىڭ ئوسمان بەتتىي (ۋاپاتى ھ. 132) گە يازغان رىسالەسى، قەدەرىيلەرگە رەددىيە ھەققىدىكى رىسالەسى قاتارلىقلار باردۇر. بۇ رىسالەلەرنىڭ ھەممىسى ئىلمى كالام ھەققىدە ياكى ۋەز – نەسىھەت ھەققىدىدۇر. ئۇ فىقھ ھەققىدە بىرەر كىتاب يازمىغان، بەلكى ئۇنىڭ شاگىرتلىرى ئۇنىڭ مەزھەبىنى نەقىل قىلغان ۋە ئۇنىڭ كۆزقاراشلىرىنى ھەم ئۇ رىۋايەت قىلغان ئەسەرلەر (ھەدىسلەر) نى توپلاپ يازغان.

ئىراق فەقىھىنىڭ ئەسەرلىرى ۋە كۆزقاراشلىرىنى ساقلاپ قالغان بۇ شاگىرتلارنىڭ ئەڭ ئالاھىدىلىرى بولسا، ئىسلام فىقھ تارىخىدا «ساھىبەين» (ئىككى ھەمراھ) نامى بىلەن ئاتالغان ئۇلۇغ ئىككى شاگىرت بولۇپ، ئۇ ئىككىسى ئۇستازىنى لازىم تۇتۇپ ئۇزۇن يىل ھەمراھ بولغانلىقى ۋە ئۇستازى قۇرغان فىقھىي يۆنىلىشنى ئۈزۈپ قويماي داۋاملاشتۇرغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغان.

ئۇلارنىڭ بىرىنچىسى: ياقۇب ئىبنى ئىبراھىم ئىبنى ھەبىب ئەلئەنسارىي. يۈسۈف دەپ بالىسى بولغاچقا، ئەبۇ يۈسۈف دەپ كۇنيەتلەنگەن. ئىمام ئەبۇ ھەنىفەدىن كېيىن 32 يىل ياشىغان. تۆۋەندىكىلىرى ئىمام ئەبۇ يۈسۈفنىڭ ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ قاراشلىرىنى ۋە رىۋايەتلىرىنى توپلىغان كىتابلىرى:

1. «ئەلئاسار (الْآثَارُ)». ئۇنىڭدىكى ھەدىسلەرنى ئەبۇ يۈسۈفنىڭ ئوغلى يۈسۈف دادىسىدىن، دادىسى ئىمام ئەبۇ ھەنىفەدىن رىۋايەت قىلغان. ئىمام ئەبۇ ھەنىفەدىن كېيىن سەنەد پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ياكى ساھابەگە، ياكى ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رىۋايەتىنى ئېلىشقا ئۆزى رازى بولغان تابىئىنگە تۇتىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەبۇ يۈسۈف كىتابتا ئىراق فۇقەھائلىرىدىن بولغان تابىئىننىڭ نۇرغۇن پەتۋالىرىنى تاللاپ توپلىغان. دېمەك، كىتاب ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ ئىستىنباتى ئاساسلانغان فىقھىي توپلامنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، بۇ توپلام ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ ئىستىنبات ۋە ئىجتىھادتىكى ئورنىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

2. «ئىختىلافۇ ئىبنى ئەبى لەيلا (اخْتِلَافُ ابْنِ أَبِي لَيْلَى)». بۇ كىتابتا ئىمام ئەبۇ يۈسۈف ئىمام ئەبۇ ھەنىفە بىلەن قازى ئىبنى ئەبۇ لەيلا (ۋاپاتى ھ. 148) ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپ نۇقتىلىرىنى جەملىگەن ۋە ئۇنىڭدا ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ قاراشلىرىنى قوللىغان. كىتابنى ئىمام ئەبۇ يۈسۈفتىن رىۋايەت قىلغان كىشى ئۇنىڭ شاگىرتى ئىمام مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن شەيبانىيدۇر.

3. «ئەۋزائىينىڭ سىيەر كىتابىغا رەددىيە (الرَّدُّ عَلَى سِيَرِ الْأَوْزَاعِيّ)». بۇ قىممەتلىك بىر كىتاب بولۇپ، ئۇنىڭدا ئەبۇ يۈسۈف ئۇرۇش ھالىتىدە مۇسۇلمانلار بىلەن كافىرلار ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىلەر ۋە جىھادتا قوللىنىلىدىغان چارىلەر ھەققىدە ئەۋزائىينىڭ ئىختىلاپلىرىنى بايان قىلغان. ئۇ كىتابىدا ئىراقلىقلارنىڭ قاراشلىرىنى قوللىغان.

4. «ئەلخەراج (الْخَرَاجُ)». بۇ قىممەتلىك ئەسەر بولۇپ، ئەبۇ يۈسۈف ئۇنىڭدا ئىسلام دۆلىتى مالىيەسى ئۈچۈن مۇستەھكەم بىر نىزامنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ دۆلەت مالىيەسى ھەققىدە ئۇستازىغا قېتىلمايدىغان تەرەپلەرنى تىلغا ئېلىپ، ئۆزىنىڭ نۇقتىئىنەزەرىنى ئىخلاس ۋە ئامانەت بىلەن، ئۇستازىنىڭ قاراشلىرىنى قوغدىغان ئاساستا بايان قىلىدۇ. ئۇ بىرەر جەھەتتە ئىختىلاپنى بايان قىلمىغان بولسا، شۇ جەھەتتە ئۇنىڭ ئۇستازى بىلەن بىردەك ئىكەنلىكى پەرەز قىلىنىدۇ.

[147] ئىككىنچى شاگىرتقا كەلسەك، ئۇ ئىمام مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن شەيبانىي (ھ. 132 – 189/م. 749 – 805) دۇر. ئۇ ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ قولىدا ئۇزۇن مۇددەت ئوقۇيالمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئىمام ئەبۇ ھەنىفەدە باشلىغىنىنى ئىمام ئەبۇ يۈسۈفتە تاماملىغان. ئۇ ئىراق فىقھىسىنىڭ ھافىزى سانىلىدۇ. ئۇنىڭ توپلىمى فىقھنىڭ مۇئەييەن بىر تۈرىنىڭ چېچىلىپ كەتكەن پارچىلىرىنى جۇغلىغان تۇنجى فىقھىي توپلامدۇر. ئۇنىڭ ئىككىنچى ئۇستازى ئەبۇ يۈسۈف شۇ فىقھىي مەجمۇئەنى چىقىرىشىغا ياردەملەشكەن. ئۇ مەجمۇئە كۆپتۇر، لېكىن ھەنەفىي فىقھىسىدا بىرىنچى مەنبە بولۇپ قارىلىدىغىنى ئالتە كىتابتۇر. ئۇلار: «ئەلئەسل (الْأَصْلُ)» ياكى «ئەلمەبسۇت (الْمَبْسُوطُ)»(54)، «ئەززىيادات (الزِّيَادَاتُ)»، «ئەلجامىئۇسسەغىر (الجَامِعُ الصَّغِيرُ)»، «ئەلجامىئۇلكەبىر (الْجَامِعُ الْكَبِيرُ)»، «ئەسسىيەرۇسسەغىر (السِّيَرُ الصَّغِيرُ)» ۋە «ئەسسىيەرۇلكەبىر (السِّيَرُ الْكَبِيرُ)» قاتارلىقلار. بۇ كىتابلارنىڭ بەزىسىنى ئۇستازى ئەبۇ يۈسۈف ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تەكشۈرۈپ بېكىتكەن، يەنە بەزىسىنى ئەبۇ يۈسۈف تەكشۈرۈپ بېكىتمىگەن. ئالىملارنىڭ دېيىشىچە، «ئەلكەبىر (الْكَبِيرُ)» دەپ سۈپەتلەنگىنىنى مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن شەيبانىي ئۆزى يالغۇز توپلاپ رىۋايەت قىلغان. «ئەسسەغىر (الصَّغِيرُ)» دەپ سۈپەتلەنگىنىنى ئەبۇ يۈسۈفكە تىڭشاتقان.

بۇ ئالتە كىتاب «زاھىرى رىۋايەت (ظَاهِرُ الرِّوَايَةِ)» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ كىتابتىكى فىقھىي ھۆكۈملەرگە ئەمەل قىلىنىدۇ. ئالاھىدە بىر تەرجىھ بولمىسىلا، ئۇ كىتابلارغا باشقا كىتابلار تەرجىھ قىلىنمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇنىڭ يەنە مۇشۇ كىتابلارنىڭ دەرىجىسىگە يېتىدىغان ئىككى كىتابى بار. ئۇلار: «كتاب الرد على أهل مدينة» ۋە «ئەلئاسار (الْآثَارُ)». ئاخىرقى بۇ كىتابى ئەبۇ يۈسۈفنىڭ «ئەلئاسار (الْآثَارُ)» كىتابى بىلەن ئوخشىشىپ قالىدۇ، كۆپ نەرسىنى ئۇنىڭدىن رىۋايەت قىلىدۇ. «مەدىنە ئەھلىگە رەددىيە (الرَّدُّ عَلَى أَهْلِ الْمَدِينَةِ)» دېگەن كىتابىنى ئۇنىڭدىن ئىمام شافىئىي رىۋايەت قىلغان.

ئىمام مۇھەممەدنىڭ يەنە باشقا ئۇنىڭغا نىسبەت بېرىلگەن كىتابلىرى بار بولۇپ، بۇ كىتابلار نەقلىنىڭ ئىشەنچلىكلىكى جەھەتتىن، باشتىكى كىتابلارغا يەتمەيدۇ. ئۇ كىتابلار بولسىمۇ: «الْكَيْسَانِيَّاتُ»، «الْهَارُونِيَّاتُ»، «الْجُرْجَانِيَّاتُ»، «الرُّقَيَّاتُ»، «زِيَادَةُ الزِّيَادَاتِ» قاتارلىقلار. بۇ كىتابلار «غەيرى زاھىرى رىۋايەت (غَيْرِ ظَاهِرِ الرِّوَايَةِ)» دېيىلىدۇ. چۈنكى، ئۇ كىتابلار ئىمام مۇھەممەدتىن زاھىر رىۋايەتلەر (يەنى كۈچلۈك رىۋايەتلەر) بىلەن رىۋايەت قىلىنمىغان.

ھەنەفىي مەزھەبنىڭ يۈكسىلىشى ۋە تارقىلىشى

ھەنەفىي مەزھەب ئىستىنبات ۋە تەخرىج بىلەن ناھايىتى يۈكسەلدى. ئۇنىڭ يۈكسىلىش ئامىللىرى مۇنداق ئۈچ ئىشقا بېرىپ تاقىلىدۇ:

بىرىنچى: ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ شاگىرتلىرىنىڭ كۆپ بولۇشى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇنىڭ قاراشلىرىنى تارقىتىشقا، ئۇنىڭ فىقھىسى تايانغان ئاساسلارنى بايان قىلىشقا كۆڭۈل بۆلۈشى. ئۇلار ئاز جەھەتتە ئۇنىڭغا مۇخالىپ بولغان بولسىمۇ، كۆپ جەھەتتە ئۇنىڭغا مۇۋاپىق بولغان. ئۇلار ئىككىلى ھالەتتە ئۇنىڭ دەلىلىنى بايان قىلىشقا ئەھمىيەت بەرگەن.

ئۇلار ئۇنىڭ قاراشلىرىدىن كۆپ مەسىلە شاخلاتقان ۋە بۇ شاخلىتىش تايانغان قىياسلارنى كۆپ بايان قىلغان.

ئىككىنچىسى: ئۇنىڭ شاگىرتلىرىدىن كېيىن ھۆكۈملەرنىڭ ئىللەتلىرىنى يەكۈنلەپ چىقىش ۋە ئۇ ئىللەتلەرنى دەۋرلەردىكى يۈز بېرىۋاتقان ھادىسىلەرگە تەتبىقلاشقا كۆڭۈل بۆلگەن يەنە بىر تائىپە كەلگەن. ئۇلار مەزھەبنىڭ فۇرۇئلىرى تىرەنگەن ھۆكۈملەرنىڭ ئىللەتلىرىنى يەكۈنلەپ چىققاندىن كېيىن، جىنسداش مەسىلىلەرنى كەڭ ئومۇمىي قائىدىلەرنىڭ ئاستىغا توپلىغان. نەتىجىدە مەزھەبتە مەزھەبنىڭ ئۇسۇللىرىغا ئاساسەن مەسىلە شاخلىتىش بىلەن، مەزھەبنىڭ چۇۋالچاق پارچىلىرىنى جەملەيدىغان ۋە ئۇنى مەزھەبنىڭ كۇللىيياتىغا بويسۇندۇرىدىغان ئومۇمىي قائىدە – نەزەرىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش جەم بولغان.

ئۈچىنچىسى: مەزھەبنىڭ خىلمۇخىل ئۆرپ – ئادەتلەرگە ئىگە نۇرغۇن جايلارغا تارقىلىشى. بۇ جايلاردا كۆپلىگەن تەخرىجلەر (يەنى مەزھەبنىڭ ئۇسۇلىغا كۆرە ئەھكام چىقىرىشلار) نى تەقەززا قىلىدىغان ھادىسىلەر تۇغۇلۇپ تۇراتتى. ئۇ ۋاقىتلاردا ھەنەفىي مەزھەب ئابباسىيلار دۆلىتىنىڭ رەسمىي مەزھەبى سۈپىتىدە ئېتىبارغا ئېلىنغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ھەنەفىي مەزھەب 500 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىسلام يۇرتلىرىدا تەتبىقلىنىپ داۋاملاشتى. چۈنكى، ھارۇن رەشىد ئىمام ئەبۇ يۈسۈفنى باغدادنىڭ قازىسى قىلىپ تەيىنلىگەن ئىدى. پۈتۈن رايونلاردا قازىلار پەقەت ئىمام ئەبۇ يۈسۈفنىڭ تەكلىپى بىلەن تەيىنلىنەتتى. ئىمام ئەبۇ يۈسۈف پەقەت ئىراق مەزھەبىنى قوبۇل قىلغان كىشىلەرنىلا تەيىنلەيتتى. شۇنىڭ بىلەن مەزھەب ئومۇملىشىپ كەڭ تارالغان.

شۈبھىسىزكى، ھەر خىل ئۆرپ – ئادەتلەر ئىستىنباتنىڭ يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەنەفىي مەزھەبتە نەس يوق ئەھۋالدا ۋە ئىستىنبات قىياس بىلەن بولىدىغان چاغدا، ئۆرپ – ئادەت ئىستىنباتنىڭ ئاساسلىرىدىن بىرى ئىدى.

 

ھەنەفىي مەزھەبى تارالغان ئەللەر

[140] ھەنەفىي مەزھەبى ئابباسىيلار دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا بولغان ھەربىر ئەلگە تارالغان. بىرەر رايوندا ئابباسىيلارنىڭ كۈچى ئاجىزلىسىلا، ھەنەفىي مەزھەبىنىڭمۇ كۈچى ئاجىزلايتتى. لېكىن، بەزى رايونلاردا ھەنەفىي مەزھەبى خەلق ئارىسىغا سىڭىپ كىرگەن. بەزى رايونلاردا ھەنەفىي مەزھەبى رەسمىي مەزھەب بولسىمۇ، ئىبادەت مەسىلىلىرىدە خەلق ئارىسىدا ھۆكۈم سۈرەلمىگەن. ھەنەفىي مەزھەبى ئىراقتا، ماۋەرائۇننەھردە ۋە شەرقتىكى فەتىھ قىلىنغان ئەللەردە رەسمىي مەزھەب بولغان. گەرچە تۈركىستان ئەللىرىدە ۋە ماۋەرائۇننەھردە خەلق ئارىسىدا شافىئىي مەزھەبى ھەنەفىي مەزھەبى بىلەن كۈچ تالاشقان بولسىمۇ، ھەنەفىي مەزھەبى رەسمىي مەزھەب بولۇش بىلەن بىرگە خەلق مەزھەبى بولغان. شافىئىيلار بىلەن ھەنەفىيلەر ئوتتۇرىسىدا مۇنازىرىلەر بولۇپ تۇراتتى، ھەتتا ماتەملەر فىقھىي مۇنازىرىلەر بىلەن ئۆتكۈزۈلەتتى، فىقھىي مۇنازىرىلەر تەزىيەنىڭ ئورنىدا بولاتتى. ئىزچىل داۋاملاشقان مۇنازىرىلەردىن ھەر خىل دەلىللەر تۇغۇلغان، دەلىللەردىن ئىلىم تۇغۇلغان، لېكىن ئۇنىڭدىن ئاداۋەت تۇغۇلمىغان.

بىز ئىراق ۋە ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى شەرق ئەللىرىنى تاشلاپ، شامغا قارايدىغان بولساق، ھەنەفىي مەزھەبىنىڭ شام خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە ھۆكۈم سۈرگەنلىكىنى كۆرىمىز. ھەنەفىي مەزھەبى مىسىرغا كەلگەندە، مالىكىي مەزھەبى بىلەن شافىئىي مەزھەبىنىڭ مىسىر خەلقى ئىچىدە كۈچ تالىشىۋاتقانلىقىغا شاھىد بولغان. مىسىردا ئىمام مالىكنىڭ كۆپلىگەن شاگىرتلىرى تۇرغانلىقى ئۈچۈن، ئىمام شافىئىي ئاخىرقى ھاياتلىرىدا مىسىردا تۇرغانلىقى ۋە مىسىرغا دەپنە قىلىنغانلىقى ئۈچۈن، ئىككىلى مەزھەب مىسىردا تەسىر قوزغىغان ئىدى. ئىككىلى مەزھەبنىڭ ئۇلۇغ ئالىملىرى بار ئىدى. ھەنەفىي مەزھەبى مىسىرغا كىرگەندىن كېيىن، مىسىردا رەسمىي نوپۇزى بولدى – يۇ، لېكىن خەلق ئارىسىدا نوپۇزى بولمىدى. ئاخىرىدا، فاتىمىيلار دۆلىتى مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن، دۆلەت ھەنەفىي مەزھەبىنىڭ بۇ كۈچىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا شىئە ئىمامىي مەزھەبىنى قويدى. ئاندىن فاتىمىيلارنىڭ ئورنىنى ئەييۇبىيلار بېسىپ، شافىئىي مەزھەبىنىڭ نوپۇزىنى كۈچەيتتى. ئاندىن شەھىد نۇرىددىن زەنگى مەيدانغا كېلىپ، خەلق ئارىسىدا ھەنەفىي مەزھەبىنى تارقاتماقچى بولۇپ، ھەنەفىي مەزھەبى ئۈچۈن مەدرەسەلەرنى قۇردى. ئاندىن مەملۇكىيلار دۆلىتى مەيدانغا كېلىپ، قازىلىقنى (سوتنى) تۆت مەزھەب بويىچە تەسىس قىلدى (ۋە تۆت مەزھەبكە تۆت قازى تەيىنلىدى). ئاخىرىدا، (ئوسمانىيلارنىڭ دەۋرىدە) ھوقۇق مۇھەممەد ئەلى پاشانىڭ قولىغا كىرگەندىن كېيىن، قايتىدىن ھەنەفىي مەزھەبىنى يالغۇز رەسمىي مەزھەب قىلىپ بېكىتتى.

ھەنەفىي مەزھەبى پەقەت ئەسەد ئىبنى فۇرات دەۋرىدىلا مىسىر دىيارىدىن مەغرىبكە ئۆتكەن، لېكىن قىسقا ۋاقىتلا داۋاملاشقان. چۈنكى، (مەغرىبكە ھۆكۈم سۈرگەن) ئەغلەبىيلەر دۆلىتى (مالىكىي مەزھەبىنى چىڭ تۇتىدىغان) كۈچلۈك دۆلەت ئىدى. مەغرىب ۋە ئەندەلۇستا مالىكىي مەزھەبى ئالاھىدە نوپۇز قازانغان ئىدى.

 

ئىسلام مەزھەبلىرى تارىخى/ تاريخ المذاهب الإسلامية؛ ئىمام مۇھەممەد ئەبۇ زەھرە؛ مۇھەممەد قاۋۇل قاراخانىي تەرجىمىسى؛ ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى

—————————————————————————————————————————————————
1. مۇھەممەد ئىبنى سىرىن (ھ. 32 – 110/م. 653 – 729) رىۋايەت قىلىدۇكى، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ھەدىيە كەلتۈرۈلىۋىدى، ئۇ:

— بۇ نېمە؟ — دەپ سورىدى. ئۇلار:

— ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! بۇ (كۈن) نەيرۇز (نورۇز) كۈنىدۇر، — دېگەنىدى، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ:— ئۇنداقتا ھەر كۈنى فەيرۇز قىلىڭلار! — دېدى. بۇ ۋاقىئەنى رىۋايەت قىلغۇچىلاردىن ئەبۇ ئۇسامە: «ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ‹نەيرۇز› دېگۈسى كەلمىگەن» دېگەن. ئىمام بەيھەقىي (ھ. 384 – 458/م. 994 – 1066) بولسا يۇقىرىقى ۋەقەلىكنى شەرھلەپ: «(مانا) بۇ شەرىئەت ئالاھىدە قىلمىغان بىر كۈننى مەخسۇس تەبرىكلەشنى يامان كۆرگەنلىكتۇر» دەيدۇ. ئىمام ئىبنى تەيمىييە بولسا: «ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۇلارنىڭ بايرىمىنى ئۇلار ئاتىغاندەك ئاتىغۇسى كەلمىگەن تۇرسا، ئۇنى تەبرىكلەشنى يامان كۆرمەسمۇ؟» دەيدۇ. مەيلى قانداق بولسۇن، بۇ جاۋاب ھەرگىزمۇ بۇ بايرامنى ئېتىراپ قىلغانلىق ئەمەس. ئەكسىچە، ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ جاۋابى بۇ بايرامنى رەت قىلغانلىقنى كۆرسىتىدۇ. يەنى بىزدە بۇ كۈنگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش يوق، بەلكى ھەركۈن بىزگە نىسبەتەن ئاللاھ تائالانىڭ نېئمەت ۋە ئىلتىپاتلىرىغا نائىل بولىدىغان قۇتلۇق كۈن دېمەكچى. قاراڭ: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ: «پەردازلانغان جاھالەتتىن تىرىلدۈرۈلگەن جاھىلىيەتكىچە»، «ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى توى».
2. سۇيۇتىي: «تەبيىيزۇسسەھىفە»، 116 – بەت، دارۇلئەرقەم، بېيرۇت.
3. ئىبنى بەززازىي كەردەرىي: «مەناقىبۇ ئەبى ھەنىفە»، 138 – بەت، دارۇل كىتابىل ئەرەبىي، بېيرۇت، ھ. 1401/م. 1981.
4. ئەلمۇۋەففەق ئەلمەككىي: «مەناقىبۇ ئەبى ھەنىفە»، 52 – بەت، دارۇل كىتابىل ئەرەبىي، بېيرۇت، ھ. 1401/م. 1981.
5. بۇ كىتابنىڭ ئەسلىدە بولمىسىمۇ رىۋايەتلەردە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىمۇ تىلغا ئالغان.
6. ئىبنى بەززازىي كەردەرىي: «مەناقىبۇ ئەبى ھەنىفە»، 294، 295 – بەت؛ سۇيۇتىي: «تەبيىيزۇسسەھىفە»، 124، 125 – بەت.
7. كىتابنىڭ ئاخىرىدىكى «كىتابتا ئۇچرايدىغان بىر قىسىم ئاتالغۇلارغا ئىزاھات»تا دېيىلگىنىدەك، مەۋلا (الْمَوْلَى) ئاتالغۇسى ئىسلامىيەتتىن كېيىن ئەجەملەر بىرەركىمنىڭ قولىدا قۇللۇقتىن ئازاد قىلىنسا ياكى مۇسۇلمان بولسا، ياكى ئەرەبلەردىن بىرەر قەبىلە يەنە بىر قەبىلە بىلەن ئىتتىپاقداش بولسا، ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. كۆپلۈكى«مەۋالىي». ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھىمەھۇللاھنىڭ قايسى جەھەتتىن تەيمىيلەرنىڭ مەۋلاسى ئىكەنلىكىدە رىۋايەت ئوخشاش ئەمەس. ئىمامنىڭ نەۋرىسى ئۆمەر ئىبنى ھەمماد ئىبنى ئەبۇ ھەنىفەدىن: «زۇتا (يەنى ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ بوۋىسى) تەيمۇللاھ ئىبنى سەئلەبە ئوغۇللىرىنىڭ قۇلى ئىدى، كېيىن ئازاد قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارنىڭ مەۋلاسى بولغان» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغىنىدەك، يەنە نەۋرىلىرىدىن ئىسمائىل ئىبنى ھەمماد ئىبنى ئەبۇ ھەنىفەدىن: «مەن ئىسمائىل ئىبنى ھەمماد ئىبنى ئەبۇ ھەنىفە ئىبنى نۇئمان ئىبنى سابىت ئىبنى نۇئمان ئىبنى مەرزۇباندۇرمەن. بىز فارىسنىڭ ھۆر ئوغلانلىرىدىنمىز. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىزنىڭ بېشىمىزغا ھېچقاچان قۇللۇق كېلىپ باقمىغان» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان. ھەر ئىككى رىۋايەتنى خەتىب باغدادىي «تارىخۇ باغداد» (13/325، 326) تا بايان قىلغان. بەزىلەر باشتىكى رىۋايەتنى تەرجىھ قىلسىمۇ، ھەنەفىي مەزھەب ئۆلىمالىرىدىن موللا ئەلى قارىي، ئابدۇلھەي لەكنەۋىي ۋە ئىبنى ئابىدىنلەر (تەيمۇللاھ ئوغۇللىرىنىڭ قولىدا مۇسۇلمان بولغانلىقنى ياكى ئۇلار بىلەن ئىتتىپاقداشلىقنى ئىپادىلەيدىغان) كېيىنكى رىۋايەتنى تەرجىھ قىلغان. قاراڭ: ئىمام زەھەبىي: «سىيەرۇ ئەئلامىن نۇبەلاﺋ»، 11/478؛ ئابدۇلھەي لەكنەۋىي: «ئەلجامىئۇسسەغىر شەرھى ئەننافىئىل كەبىر مۇقەددىمەسى»، 1/34؛ ئىبنى ئابىدىن: «راددۇل مۇھتار»، 1/156.
8. يەمەندىكى «ئەشئەر» قەبىلەسىگە مەنسۇپ كىشىلەر.
9. ئەلمۇۋەففەق ئەلمەككىي: «مەناقىبۇ ئەبى ھەنىفە»، 81 – بەت.
10. ئەلمۇۋەففەق ئەلمەككىي: يۇقىرىقى مەنبە، 151 – بەت.
11. ئەلمۇۋەففەق ئەلمەككىي: يۇقىرىقى مەنبە، 350 – بەت.
12. ئەلمۇۋەففەق ئەلمەككىي: يۇقىرىقى مەنبە، 290 – بەت.
13. ئەلمۇۋەففەق ئەلمەككىي: يۇقىرىقى مەنبە، 359 – بەت.
14. ئىبنى بەززازىي كەردەرىي: «مەناقىبۇ ئەبى ھەنىفە»، 396 – بەت.
15. ئىبنى ھەجەر ھەيتەمىي: «ئەلخەيراتۇل ھىسان (الخيرات الحسان في مناقب الإمام أبي حنيفة النعمان)»، 103 – بەت، دارۇلھۇدا ۋەررەشاد، دەمەشق، ھ. 1428/م. 2007.
16. ئەلمۇۋەففەق ئەلمەككىي: «مەناقىبۇ ئەبى ھەنىفە»، 366 – بەت.
17. ئەلمۇۋەففەق ئەلمەككىي: يۇقىرىقى مەنبە، 267 – بەت.
18. ئەبۇ ھەنىفە: ‏«ئالىم ۋە مۇتەئەللىم (الْعَالِمُ وَالْمُتَعَلِّمُ)»، 9 – بەت، نەشرگە تەييارلىغۇچى: مۇھەممەد زاھىد كەۋسەرىي، مەتبەئەتۇل ئەنۋار، قاھىرە، ھ. 1368.
19. ئەبۇ ھەنىفە: يۇقىرىقى مەنبە، 10 – بەت.
20. ئەلمۇۋەففەق ئەلمەككىي: «مەناقىبۇ ئەبى ھەنىفە»، 260 – بەت؛ زەھەبىي: «مەناقىبۇ ئەبى ھەنىفە ۋە ساھىبەيھى (مناقب أبي حنيفة وصاحبيه)»، 18 – بەت، نەشرگە تەييارلىغۇچى: مۇھەممەد زاھىد كەۋسەرىي ۋە ئەبۇلۋەفا ئافغانىي، نەشر قىلغۇچى: ھەيدەرئاباد (ھنىدىستان) لەجنەتۇ ئىھيائىل مەئارىفىل ئوسمانىييە. 1 – باسمىسى، قاھىرە، ھ. 1366.
21. ئەلمۇۋەففەق ئەلمەككىي: «مەناقىبۇ ئەبى ھەنىفە»، 249 – بەت.
22. ئەلمۇۋەففەق ئەلمەككىي: يۇقىرىقى مەنبە، 247 – بەت.
23. تاﺑﯩﺌ: باشقىلارغا ئەگەشكۈچى، بويسۇنغۇچى؛ تەۋە. قاراڭ: خەمىت تۆمۈر، ئابدۇررەئۇپ پولات: «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، 158 – بەت.
24. ساھابەلەرنىڭ ئىماملىرىدىن مەقسەت ھەزرىتى ئەبۇبەكرى، ھەزرىتى ئۆمەر ۋە ھەزرىتى ئوسمان قاتارلىقلار. شىئەلەر بۇلارنى خەلىفەلىكنى ھەزرىتى ئەلىدىن تارتىۋالغان دەپ قارىلايدۇ.
25. ئىبنى ئابدۇلبەر: «ئەلئىنتىقاﺋ (الْاِنْتِقَاءُ فِي فَضَائِلِ الثَّلَاثَةِ الْأَئِمَّةِ الْفُقَهَاءِ)»، 130 – بەت، دارۇل كۇتۇبىل ئىلمىييە، بېيرۇت.
26. خەتىب باغدادىي: «تارىخۇ باغداد»، 13/352، دارۇلغەربىل ئىسلامىي، بېيرۇت؛ ئەلمۇۋەففەق ئەلمەككىي: «مەناقىبۇ ئەبى ھەنىفە»، 71 – بەت؛ زەھەبىي: «مەناقىبۇ ئەبى ھەنىفە ۋە ساھىبەيھى»، 34 – بەت.
27. ئەلمۇۋەففەق ئەلمەككىي: «مەناقىبۇ ئەبى ھەنىفە»، 138 – بەت.
28. ھەكەم تەيىنلەش ۋەقەلىكىنىڭ تەپسىلاتى خاۋارىجلار ھەققىدىكى بابتا ئۆتتى.
29. تىرمىزىي (3127)؛ تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، (7369). ئالبانىي: «زەئىف» دېگەن. ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي ۋە ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەتى.
30. ئەلمۇۋەففەق ئەلمەككىي: «مەناقىبۇ ئەبى ھەنىفە»، 200 – بەت؛ زەھەبىي: «مەناقىبۇ ئەبى ھەنىفە ۋە ساھىبەيھى»، 38 – بەت.
31. خەتىب باغدادىي: «تارىخۇ باغداد»، 13/360؛ زەھەبىي: يۇقىرىقى مەنبە، 41 – بەت.
32. خەتىب باغدادىي: يۇقىرىقى مەنبە؛ زەھەبىي: يۇقىرىقى مەنبە، 46 – بەت.
33. ئىبنى ھەجەر ھەيتەمىي: «ئەلخەيراتۇل ھىسان»، 138 – بەت.
34. ئەلمۇۋەففەق ئەلمەككىي: «مەناقىبۇ ئەبى ھەنىفە»، 364 – بەت.
35. ئىبنى بەززازىي كەردەرىي: «مەناقىبۇ ئەبى ھەنىفە» 267 – بەت.
36. ئەلمۇۋەففەق ئەلمەككىي: «مەناقىبۇ ئەبى ھەنىفە»، 275، 276 – بەت.
37. ئەلمۇۋەففەق ئەلمەككىي: يۇقىرىقى مەنبە، 276 – بەت.
38. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ: «لَيْسَ لِمُكْرَهٍ وَلاَ لِمُضْطَهَدٍ طَلاَقٌ / مەجبۇرلانغۇچى ياكى زورلانغۇچىنىڭ قىلغان تالىقى ئىناۋەتسىز» دېگەنلىكىنى ئىمام سەئىد ئىبنى مەنسۇر («ئەسسۈنەن»، 1143)، ئىبنى ئەبى شەيبە (18330) لەر سەھىھ سەنەد بىلەن مەۋقۇف رىۋايەت قىلغان. ئىمام بۇخارىيمۇ «سەھىھ»ىدە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ: «طَلاَقُ السَّكْرَانِ وَالْمُسْتَكْرَهِ لَيْسَ بِجَائِزٍ / مەست بىلەن مەجبۇرلانغان كىشىنىڭ تالىقى ئىناۋەتسىز» دېگەنلىكىنى مۇئەللەق رىۋايەت قىلغان. قاراڭ: «تالاق بۆلۈمى»، 10 – باب.
39. ئىبنى بەززازىي كەردەرىي: «مەناقىبۇ ئەبى ھەنىفە»، 301، 302 – بەت.
40. ئىبنى ئەبى شەيبە (22454).
41. ئۇ ئۈچ ئىش: ‏ئادەم ئۆلتۈرۈش، مۇرتەد بولۇش، نىكاھلانغان كىشىنىڭ زىنا قىلىشى.
42. ئىبنى بەززازىي كەردەرىي: «مەناقىبۇ ئەبى ھەنىفە»، 196، 197 – بەت.
43. ئەلمۇۋەففەق ئەلمەككىي: «مەناقىبۇ ئەبى ھەنىفە»، 191 – بەت.
44. خەتىب باغدادىي: «تارىخۇ باغداد»، 13/36.
45. ئىبنى بەززازىي كەردەرىي: «مەناقىبۇ ئەبى ھەنىفە»، 303 – بەت.
46. سۇيۇتىي: «تەبيىيزۇسسەھىفە»، 116 – بەت.
47. ئىبنى ھەجەر ھەيتەمىي: «ئەلخەيراتۇل ھىسان»، 83 – بەت؛ ئىبنى بەززازىي كەردەرىي: «مەناقىبۇ ئەبى ھەنىفە»، 46 – بەت.
48. قازى ئىياز: «تەرتىيبۇل مەدارىك (تَرْتِيْبُ الْمَدَارِكِ)»، 1/152.
48. خەتىب باغدادىي: «تارىخۇ باغداد»، 13/36؛ زەھەبىي: «مەناقىبۇ ئەبى ھەنىفە ۋە ساھىبەيھى»، 34 – بەت.
50. ئەلمۇۋەففەق ئەلمەككىي: «مەناقىبۇ ئەبى ھەنىفە»، 75 – بەت.
51. ۋەزىيئە (زىيىنىغا سېتىش) سودىسى (الْوَضِيعَةُ / بَيْعُ الْوَضِيْعَةِ): ئەرەبچىدە «زىيان، چۈشۈرۈپ بېرىش، قويۇۋېتىش ۋە باج – سېلىق» مەنىلىرىنى بىلدۈرىدىغان بولۇپ، فىقھتا: «مالنىڭ سېتىۋېلىنغان ئەسل نەرخىنىڭ خېرىدارغا بىلدۈرۈلۈشى ۋە زىيىنىغا سېتىلىشى»دۇر. يەنى خېرىدار سېتىۋالغان مېلىدا ساتقۇچىغا زىيان بولغانلىقىنى بىلىدۇ. بۇنىڭ ھۆكمى جائىزدۇر. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 44/5؛ دوكتور مۇھەممەد رەۋۋاس قەلئەجىي: «فۇقەھائ‍ لۇغىتى قامۇسى»، 476 – بەت.

52. بەيھەقىي: «شۇئەبۇل ئىمان»، (5130)؛ تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، (11053). ئالبانىي: «زەئىف» دېگەن. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەتى.
53. ئەھمەد (17975)؛ ئەبۇ داۋۇد (3628)؛ نەسائىي (4689)؛ ئىبنى ماجە (2427). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن. ئەششەرىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەتى.
54. ئىمام مۇھەممەدنىڭ «ئەلئەسل (الأصل)» ناملىق كىتابى «ئەلمەبسۇت (المبسوط)» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. چۈنكى، ئىمام مۇھەممەد بۇ كىتابىنى باشقا بارلىق كىتابلىرىدىن بۇرۇن يازغان. قاراڭ: ئىبنى ئابىدىن: «شەرھۇ ئۇقۇدى رەسمىل مۇفتىي»، 24 – بەت. مەكتەبەتۇلبۇشرا، كاراچى.

Please follow and like us: