ئىجتىھاد، ئۇنىڭ شەرتلىرى ۋە دەرىجىلىرى

ئىجتىھاد، ئۇنىڭ شەرتلىرى ۋە دەرىجىلىرى

[70] بۇ مۇقەددىمەدە ئاۋۋال ئىجتىھاد ۋە ئىجتىھادنىڭ سالاھىيەتلىرى ھەققىدە سۆزلىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. چۈنكى، فىقھىي مەزھەبلەرنىڭ شەكىللىنىشى شۇ سەۋەبلىك بولغان؛ شۇنداقلا دەۋرىمىزدە ئىجتىھادقا كۈچى يەتمەيدىغان ئادەملەرنىڭ ئىجتىھاد قىلغانلىقىنى دەۋا قىلماسلىقلىرى ئۈچۈن، شۇ ھەقتە سۆزلىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. ھالبۇكى بەزى ئادەملەرنىڭ ئىجتىھادنى ئۇنىڭ تايىنىدىغان بىرەر قائىدىسى يوق قالايمىقان بىر ئىشتەك ئويلاپ قالغانلىقىنى كۆردۇق. بۇ توغرۇلۇق سۆزلىشىمىزنىڭ يەنە بىر سەۋەبى مەزھەبلەردىكى فۇرۇئاتلار شۇ ئىجتىھاد بىلەن شاخلىنىپ چىققان، تەخرىجلەر شۇ ئىجتىھاد بىلەن بولغان ۋە شۇ ئىجتىھاد بىلەن مەزھەبلەردە ئىستىنبات كەڭرى بولغان. ئاندىن ئىجتىھاد خىلمۇخىل ئەسىرلەردە بىرقانچە دەرىجىلەرگە تۈرلەنگەن ۋە ھەر ئەسىرنىڭ ئۇنىڭغا بىر تەسىرى بولغان. ئىجتىھاد بارا – بارا تۆۋەنلەپ، ئاخىرىدا كىتابلار ئۇقتۇرغان مەنىلەرنى بىلىشكە چۈشۈپ قالغان. بۇنى قىسقىچە بىر بايان ئەيلىمەك لازىم.

ئىجتىھادنىڭ (لۇغەت) مەنىسى: مەلۇم بىر ئىشقا يېتىش ئۈچۈن ياكى مەلۇم بىر ئىشتا كامالەتكە يېتىش ئۈچۈن بار تىرىشچانلىقىنى چىقارماقتۇر.

ئۇسۇلۇلفىقھ ئىستىلاھىدا: ئىجتىھاد فەقىھنىڭ تەپسىلىي دەلىللەردىن ئەمەلىي ھۆكۈملەرنى ئىستىنبات قىلىشتا بار كۈچىنى چىقارمىقىدۇر. بەزى ئۇسۇل ئالىملىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىستىلاھى بويىچە ئىجتىھادقا مۇنداق ئېنىقلىما بەرگەن: ھۆكۈملەرنى ئىستىنبات قىلىش ئۈچۈن ياكى ھۆكۈملەرنى تەتبىقلاش ئۈچۈن تىرىشچانلىق چىقارماق ۋە بار كۈچىنى سەرپ ئەتمەك. بۇنىڭغا بىنائەن، ئىجتىھادنىڭ ئىككى تارمىقى بار: بىرسى، ئەھكام ئىستىنبات قىلىش ۋە ئۇنى بايان قىلىشقا ئائىتتۇر. يەنە بىرسى، ئىستىنبات قىلىنغان ئەھكاملارنى تەتبىقلاش ۋە زاماننىڭ يېڭى ھادىسىلىرىنىڭ تەقەززاسى بويىچە ئەھكام تەخرىج قىلىشقا ئائىتتۇر.

بىرىنچى تارماق كامىل ئىجتىھادتۇر. ئۇ ئەھكاملارنى شەرئىي مەنبەلىرىدىن بىلىشكە يۈزلەنگەن ئالىملار تائىپىسىگە خاستۇر. بەزى ئالىملار: «بۇ تۈرلۈك ئىجتىھاد مەلۇم بىر زاماندا ئۈزۈلۈپمۇ قالىدۇ» دېگەن. بۇ كۆپچىلىكنىڭ سۆزىدۇر ياكى ئەڭ ئاز دېگەندە ئالىملاردىن زور بىر تائىپىنىڭ سۆزىدۇر. ھەنبەلىيلەر: «ھېچبىر ئەسىرنىڭ بۇ تۈردىن خالىي قېلىشى دۇرۇس ئەمەس، مۇشۇ دەرىجىگە يەتكەن بىر مۇجتەھىد لازىم» دېگەن.

ئىككىنچى تارماق بولسا ناقىس ئىجتىھادتۇر. ئالىملار بۇ خىل ئىجتىھادتىن ھېچبىر زاماننىڭ خالىي قېلىشىنىڭ دۇرۇس بولمايدىغانلىقىغا ئىتتىپاقلاشقان. بۇلار تەخرىج (يەنى بىرەر مەزھەبنىڭ ئۇسۇللىرىغا ئەگىشىپ تۇرۇپ ئەھكام چىقىرىش) ۋە ئەھكام قائىدىلىرىنى جۇزئىي ئىشلارغا تەتبىقلاش ئالىملىرىدۇر. كامىل ئىجتىھاد ئەھلى بولغان ئىلگىرىكىلەرنىڭ بىرەر رايى تېپىلمىغان مەسىلىلەرنىڭ ھۆكۈملىرى مۇشۇ تەتبىقلاش ئارقىلىق ئايان بولىدۇ.

(ئا) مۇجتەھىدنىڭ شەرتلىرى

[71] بىز بۇ يەردە كامىل مۇجتەھىد سۈپىتىگە لايىق بولغان مۇجتەھىدنىڭ شەرتلىرى ھەققىدە توختىلىمىز. مۇجتەھىدكە كۆپ شەرت قويۇلىدۇ:

بىرىنچى شەرت: ئەرەبچىنى بىلىش

ئۇسۇل ئالىملىرى «مۇجتەھىد بۇ تىلنى بىلىدىغان بولۇشى زۆرۈر» دەپ ئىتتىپاقلاشقان. چۈنكى، «قۇرئان كەرىم» شۇ تىلدا نازىل بولغان ھەمدە «قۇرئان كەرىم»نىڭ بايانى بولغان سۈننەتمۇ مۇشۇ ئەرەب تىلىدا كەلگەن. ئىمام غەززالىي مۇجتەھىدنىڭ ئەرەبچىدىن بىلىشى كېرەك بولغان مىقدارنى بېكىتىپ ئېيتقانكى: «ئۇشبۇ مىقدار ئەرەبلەرنىڭ سۆز – ئىبارىلىرىنى ۋە سۆز ئىشلىتىش ئادەتلىرىنى چۈشىنىپ، سەرىھ كالامنى، كالامنىڭ زاھىرى بىلەن مۇجمەلىنى، ئەسلى مەنىسى بىلەن مەجاز مەنىسىنى، ئام مەنىسى بىلەن خاس مەنىسىنى، مۇھكەمى بىلەن مۇتەشابىھىنى، مۇتلەقى بىلەن مۇقەييەدىنى، نەسسى بىلەن فەھۋاسىنى، خاتاسى بىلەن مەفھۇمىنى ئايرىيالىغۇدەك مىقداردۇر»(1). بۇ سەۋىيە پەقەت تىلدا مۇجتەھىدلىك دەرىجىسىگە يەتكەن كىشىدە ھاسىل بولىدۇ.

بۇنىڭدىن شۇ چۈشىنىلىدۇكى، ئىمام غەززالىي مۇجتەھىد بولىدىغان كىشى ئۈچۈن تىل جەھەتتە مۇجتەھىدلىك ماقامىغا يەتكۈدەك ۋە تىلنى ساپ ئەرەبتەك چۈشەنگۈدەك دەرىجىدە ئىنچىكە ئىلىمنى ۋە چوڭقۇرلۇقنى شەرت قىلغان. ئەرەب بولغان ئادەممۇ تىلنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى بىلمەيدۇ ۋە تىلنىڭ جىمى ئىنچىكە تەرەپلىرىنى ئىشلىتەلمەيدۇ. فىقھىي ئەھكاملاردا مۇجتەھىد بولغان ئادەممۇ شۇنىڭدەك بولۇپ، ئۇمۇ تىلنىڭ پۈتۈن يەككە سۆزلىرىنى ۋە خىلمۇخىل قەبىلىلىرىنىڭ سۆز ئىشلىتىش ئۇسۇللىرىنى تولۇق بىلىپ كەتمەيدۇ. چۈنكى، بۇ بىر ئادەمنىڭ ئىمكانىدىكى ئىش ئەمەس. لېكىن، مۇجتەھىدنىڭ ئىلمى ئومۇمەن تىلنىڭ سىر – ئەسرارلىرىنى بىلىشتىن ناقىس بولۇپ قالماسلىقى كېرەك. چۈنكى، ئۇ بايان قىلماقچى بولغان ئەھكاملارنىڭ بىرىنچى مەنبەسى «قۇرئان كەرىم»دۇر. «قۇرئان كەرىم» ئەرەب تىلىدىكى ئەڭ نازۇك ۋە ئەڭ پاساھەتلىك كالامدۇر. ئۇنىڭدىن ئەھكام چىقىرىدىغان ئادەم ئۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەھكاملارنى ئىدراك قىلىشقا يۈكسىلىشى ئۈچۈن، بالاغەت ۋە پاساھەت سىرلىرىنى ئوبدان بىلىدىغان بولۇشى لازىمدۇر.

شەرىئەتنى تەتقىق قىلىدىغان ئادەم ئەرەبچە بايانلارنىڭ سىرلىرىنى ۋە ئۇنىڭ ئىنچىكە مەنىلىرىنى قانچىلىك چۈشەنسە، ئەھكام يەكۈنلەش قۇدرىتى شۇنچىلىك بولىدۇ. شاتىبىي شەرىئەتنى تەتقىق قىلغۇچىلارنى ئۇلارنىڭ ئەرەبچە سۆزنى چۈشىنىشتىكى دەرىجىسىگە بېقىپ تەرتىپلىگەن. ئۇ دەيدۇكى:

«ئەرەب تىلىنى چۈشىنىشتە باشلانغۇچ سەۋىيەدىكى ئادەم شەرىئەتنى چۈشىنىشتىمۇ باشلانغۇچ سەۋىيەدىدۇر. ئوتتۇراھال سەۋىيەدە بولسا شەرىئەتنى چۈشىنىشتىمۇ ئوتتۇراھالدۇر. ئوتتۇراھال سەۋىيەدىكى ئادەم ئاخىرقى دەرىجىگە يەتمىگەن ئادەمدۇر. ئەگەر ئەرەب تىلىدا ئاخىرقى چەككە يەتسە، شەرىئەتتىمۇ ئاخىرقى چەككە يەتكەن بولىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭ شەرىئەت ھەققىدىكى چۈشەنچىسى ھۆججەت بولىدۇ، خۇددى ساھابەلەرنىڭ ۋە قۇرئاننى چۈشەنگەن باشقا پەسىھلەرنىڭ(2) چۈشەنچىسى ھۆججەت بولغاندەك. بۇ چەككە يېتەلمىگەنلەر تىل ھەققىدە قانچىلىك چالا بولسا، شەرىئەتنى چۈشىنىشتىمۇ شۇنچىلىك چالا بولىدۇ، چۈشەنچىسى چالا بولغانلار ھۆججەت بولالمايدۇ ۋە سۆزى قوبۇل قىلىنمايدۇ»(3).

بۇ گەپ تېگىدىن ماقۇلدۇر. چۈنكى، مۇجتەھىد ھۆججەتتۇركى، ئۇنىڭ سۆزىنى مۇجتەھىد ئەمەسلەر تۇتىدۇ. بۇ مەرتىۋىگە پەقەتلا چۈشەنچىسى ھۆججەت بولىدىغان كىشىلەرنىڭ دەرىجىسىگە يېقىن بىر دەرىجىگە يەتكەنلەر ئۇلىشالايدۇ. چۈشەنچىسى ھۆججەت بولىدىغان كىشىلەر بۈيۈك ساھابەلەر ۋە ئۇلاردىن تەلىم ئېلىپ ئۇلارنىڭ ئىلمىگە مىراسخورلۇق قىلغان مۇجتەھىد ئىماملاردۇر. ئۇلارنىڭ ھەممىسى فىقھتىكى ئىماملىقىغا بېقىپ، ئەرەب تىلىغا شۇنچە ئالىم ئىدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى ئەرەبچە بىلمەيتتى دەپ دەۋا قىلغان ئادەم يالغان سۆزلىگەن ۋە بوھتان چاپلىغان بولىدۇ.

ئىككىنچى شەرت: «قۇرئان كەرىم»نى بىلىش

بۇ، ئىمام شافىئىي ئۇسۇلۇلفىقھ ئىلمىنى توپلىغان كىتابى «ئەررىسالە ئەلئۇسۇلىييە (الرِّسَالَةُ الْأُصُولِيَّةُ)»دە ئوتتۇرىغا قويغان شەرتتۇر. چۈنكى، «قۇرئان كەرىم» بۇ شەرىئەتنىڭ تۈۋرۈكىدۇر، تا قىيامەتكىچە سوزۇلغان ئاللاھنىڭ ئارغامچىسىدۇر، بۇ شەرىئەتنىڭ مەنبەسىدۇر. بىراق «قۇرئان كەرىم» ئىلمى كەڭ ئىلىمدۇر. چۈنكى، ئۇ پەيغەمبەرلىك ئىلمىدۇر، ئۇنى ئۆزىدە جەملىگەن ئادەم — خۇددى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئېيتقاندەك — ئۆزىدە پەيغەمبەرلىكنى جەملىگەن بولىدۇ. شۇڭا، ئالىملار: «مۇجتەھىد بولىدىغان ئادەمنىڭ ‹قۇرئان›دىكى بەش يۈزچە ئەھكام ئايەتلىرىنى ھەر تەرەپتىن ئىنچىكە بىلىدىغان بولۇشى كېرەك» دېگەن. ئۇلارنى بىلىش ئۇلارنىڭ مەنىلىرىنى كاللىدا ئايدىڭلاشتۇرغان بولۇش، ئۇلاردىكى خاس ۋە ئامنى، ئۇلار ھەققىدىكى سۈننەتنىڭ بايانلىرىنى بىلىدىغان بولۇش، شۇنداقلا ئۇ ئايەتلەر ئىچىدە ناسىخ ۋە مەنسۇخ بار دەپ پەرەز قىلىنغىنىدا، ئىچىدىكى ھۆكمى مەنسۇخ قىلىنغانلىرىنى بىلىدىغان بولۇش قاتارلىقلارنى تەقەززا قىلىدۇ. شۇنداقلا ئۇنىڭ ئەھكام ئايەتلىرىگە ئائىت ئىلمى بولۇشى بىلەن بىرگە، «قۇرئان كەرىم» ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا نەسلەرنىمۇ ئومۇمىي شەكىلدە بىلىدىغان بولۇشى كېرەك. چۈنكى، «قۇرئان كەرىم»نىڭ بەزىسى بەزىسىدىن ئايرىلمايدۇ. ئىسنەۋىي: «ئەھكام ئايەتلىرىنى باشقا ئايەتلەردىن پەرقلەندۈرۈش زۆرۈرىي ھالدا ھەممىسىنى بىلىشكە قاراشلىق بولىدۇ» دېگەن(4).

لېكىن «قۇرئان»نى پۈتۈن يادلاش شەرت قىلىنامدۇ؟ بەزى ئالىملار: «ئۇنى يادلاش شەرت قىلىنمايدۇ، بەلكى ھاجەت چۈشكەندە مۇراجىئەت قىلغۇدەك شەكىلدە ئەھكام ئايەتلىرىنىڭ ئورۇنلىرىنى بىلىدىغان بولۇشى يېتەرلىكتۇر» دېگەن. ئىمام شافىئىينىڭ «قۇرئان كەرىم»نى تولۇق يادلاشنى شەرت قىلغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان.

شەكسىزكى، «قۇرئان كەرىم»نى بىلىشنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىسى «قۇرئان»نى تولۇق يادلىغان، مەنىلىرىنى ئومۇمەن چۈشىنىدىغان، ئۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھۆكۈملەرنى تەپسىلىي تەتقىق قىلىدىغان، ئەھكام ئايەتلىرىنى ئىنچىكە بىلىدىغان، ساھابەلەرنىڭ ئۇ ئايەتلەرنىڭ تەفسىرى ھەققىدىكى سۆزلىرىنى ئۇقىدىغان، ئايەتلەرنىڭ نازىل بولۇش سەۋەبلىرىدىن خەبەردار ۋە ئايەتلەردىكى مەقسەت – غايىلەرنى بىلىدىغان بولۇشتۇر. بەزى ئالىملار مەخسۇس ئەھكام ئايەتلىرىنى تەتقىق قىلغان. مەسىلەن، ھ. 370 – يىلى ۋاپات بولغان ئەبۇبەكرى ئەررازىي، بۇ كىشى «جەسساس» دەپ داڭلىقتۇر. يەنە ئەبۇ ئابدۇللاھ قۇرتۇبىي. ئۇنىڭ «أحكام القرآن الكريم» دەپ كىتابى بار. بۇ ئىككىسىدىن باشقا ئالىملارمۇ بار.

ئۈچىنچى شەرت: سۈننەتنى بىلىش

[73] بۇ جەھەتتىمۇ ئالىملار ئىتتىپاققا كەلگەن. كامىل مۇجتەھىد تەتقىق قىلماقچى بولغان ھەربىر تېمىدىكى قەۋلىي، پېئىلىي ۋە تەقرىرىي سۈننەتلەرنى(5) بىلىشى كېرەك. بەزى ئالىملار ئېيتقانكى: «كامىل مۇجتەھىد تەكلىفىي ئەھكاملارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق سۈننەتلەرنى چۈشىنەلەيدىغان ۋە مەنە – مەزمۇنلىرىنى ئىدراك قىلالايدىغان دەرىجىدە بىلىشى كېرەك. شۇنداقلا ئۇلار ئىچىدىكى ناسىخ ۋە مەنسۇخلارنى بىلىشى كېرەك بولغاندەك، رىۋايەت يوللىرىنى ۋە راۋىيلارنىڭ كۈچىنى بىلىشى كېرەك، يەنى ھەدىسلەرنى رىۋايەت قىلغانلارنىڭ ئەھۋاللىرىنى، ئۇلارنىڭ ئادالەت ۋە ساقلاشتىكى دەرىجىلىرىنى بىلىشى كېرەك».

ئالىملارنىڭ بۇ يولدا سەرپ قىلغان تىرىشچانلىقلىرى زور ۋە ئۇلۇغدۇر. مەسىلەن، ھەدىس رىۋايەت قىلغان كىشىلەرنىڭ ئىش – ئىزلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئادالەت ۋە ساقلاشتىكى دەرىجىلىرى توغرىسىدا كۆپ كىتابلار يېزىلغان.

سەھىھ سۈننەت توپلاملىرى مەيدانغا كېلىپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە بولغان نىسبىتى كۈچلۈك بولغان سەھىھ ھەدىسلەر ئۇلارغا جەملەنگەن. ئاندىن شارىھلار(6) مەيدانغا كېلىپ، ھەدىسلەرنى ۋە ھەدىسلەر ھەققىدىكى فۇقەھائنىڭ ئىختىلاپلىرىنى تەخرىج قىلغان. بۇ سەھىھ ھەدىس توپلاملىرى فىقھىي كىتابلارنىڭ تەرتىپى بويىچە رەتلەنگەن ئىدى. مەسىلەن، ئىبادەتلەرگە ئائىت ھەدىسلەر ئايرىم بىر دائىرىدە بولغان ۋە ئىبادەتلەرنىڭ ھەربىر قىسمىغا ئايرىم بىر بۆلۈم ئاجرىتىلغان. شۇنىڭدەك توختاملار ۋە جىھادقا ئائىت ھەدىسلەرمۇ ئايرىم بىر دائىرىدە بولغان ۋە شۇلاردىن ھەربىر تېمىغا ئايرىم بىر بۆلۈم ئاجرىتىلغان.

بۇ جەملەش ئارقىلىق مۇجتەھىدنىڭ سۈننەتكە مۇراجىئەت قىلىشى ۋە سۈننەتتىن ئەھكام چىقىرىشى قولايلاشقان. لېكىن، ئۇ سۈننەتنى ئومۇمىي شەكىلدە تەتقىق قىلمىقى، ئەھكام ھەدىسلىرىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ئۇنىڭ ناسىخى بىلەن مەنسۇخىنى ۋە شۇنىڭغا دائىر ئىشلارنى بىلمىكى لازىمدۇر.

ئەھكامغا ئالاقىدار سۈننەتلەرنى يادلىغان بولۇشى شەرت قىلىنمايدۇ، لېكىن شۇ ھەدىسلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ ئورۇنلىرىنى، ئۇلارغا يېتىش يوللىرىنى بىلىشى ۋە ھەدىسنىڭ راۋىيلىرىنى ئوبدان بىلىدىغان بولۇشى شەرتتۇر.

تۆتىنچى شەرت: ئىجماﺋ ئوبيېكتلىرى بىلەن ئىختىلاپ ئوبيېكتلىرىنى بىلىش

بۇ ھەممەيلەننىڭ ئىتتىپاقى بىلەن شەرتتۇر. شەككە ئورۇن يوق ئىجماﺋ ئوبيېكتلىرى ئەسلىي پەرزلەردۇر، مەسىلەن ناماز، نامازنىڭ رەكئەتلىرىنىڭ سانى، ۋاقىتلىرى، زاكات ۋە مىقدارلىرى، ھەج ۋە ھەج پائالىيەتلىرى، روزا ۋە ئۇنىڭ ۋاقتى، مىراسنىڭ ئاساسىي مەسىلىلىرى، نىكاھلىنىش ھارام قىلىنغان ئاياللار ۋە ئۇندىن باشقا مۇتەۋاتىر خەبەرلەر بىلەن ئىسپاتلانغان ھۆكۈملەر. ساھابەلەر دەۋرىدىن مۇجتەھىد ئىماملار ۋە ئۇلاردىن كېيىنكى كىشىلەرنىڭ دەۋرىگىچە بولغان ئالىملار ئىجماﺋ قىلغان ئىسلامىي مۇقەررەراتلارمۇ ئىجمائىي مەسىلىلەر دائىرىسىگە كىرىدۇ.

بارلىق ئىجماﺋ ئوبيېكتلىرىنى شارىلداپ يادلاش مەقسەت ئەمەس، بەلكى تەتقىق قىلماقچى بولغان ھەرقانداق بىر مەسىلىدىكى ئىجماﺋ ئوبيېكتىنى بىلىش بىلەن بىرگە، ساھابەلەر، تابىئىن ۋە ئۇلاردىن كېيىن كەلگەن مۇجتەھىد ئىماملارنىڭ ئىختىلاپلىرىنىمۇ بىلىش كېرەك. مەدىنە فىقھىسى مېتودىنى ۋە ئىراق فىقھىسى مېتودىنى بىلىشى، سەھىھ بىلەن غەيرى سەھىھنى، نەسلەرگە يېقىن بولغان بىلەن يىراق بولغاننى سېلىشتۇرالىغۇدەك ئۆتكۈر ئەقلى بولۇشى لازىم. ئىمام شافىئىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەقىقەتەن «ئەررىسالە (اَلرِّسَالَةُ)»دە ئەنە شۇلارنى لازىم دەپ قارىغان ۋە ئېيتقانكى: «ئۆزىگە مۇخالىپ بولغان كىشىگە قۇلاق سېلىشتىن باش تارتماسلىقى لازىم. چۈنكى، ئۇ قۇلاق سېلىش ئارقىلىق بىرەر غەپلىتىنى بايقىۋېلىشى مۇمكىن ياكى توغرا دەپ قارىغىنىغا قانائىتى ئېشىشى مۇمكىن. ئۇ بۇ جەھەتتە يۇقىرى ئىجتىھادىنى چىقىرىشى، ئىنساپلىق بولۇپ دېگىنىنى نېمىگە ئاساسەن دېگەنلىكى، رەت قىلغىنىنى نېمىگە ئاساسەن رەت قىلغانلىقىنى بىلىشى لازىم ھەمدە قوبۇل كۆرگەن پىكىرنىڭ ئۆزى رەت قىلغان پىكىردىن — ئاللاھ خاھلىسا — ئارتۇق ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ پىكرىگە كۆڭۈل بۆلگەندەك قارشى پىكىرگىمۇ ئوخشاش كۆڭۈل بۆلۈشى لازىم»(7).

ئىمام ئەبۇ ھەنىفە: «كىشىلەرنىڭ (يەنى فۇقەھائنىڭ) ئىختىلاپلىرىنى ئەڭ كۆپ بىلگەن ئادەم ئەڭ ئالىمدۇر» دەيتتى. چۈنكى، تارتىشىلغان قاراشلارنى تەتقىق قىلىش شۇ قاراشلار ئارىسىدىن ھەق نۇرىنى زاھىر قىلىدۇ. ئىمام مالىك ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ شاگىرتلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ قالسا، ئۇلاردىن ئۆزى يولۇققان مەسىلىلەر توغرىسىدا ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ قانداق قارايدىغانلىقىنى سورايتتى.

ئاللاھقا شۈكۈرلەركى، ساھابەلەرنىڭ ئىختىلاپلىرىنى، شەھەرلەرنىڭ فۇقەھائلىرى ۋە مەزھەبلەرنىڭ فۇقەھائلىرىنىڭ ئىختىلاپلىرىنى جەملىگەن كىتابلار بار بولغان. مەسىلەن، شىرازىينىڭ «ئەلمۇھەززەب (الْمُهَذَّبُ)» ۋە ئۇنىڭ ئىمام نەۋەۋىي شەرھلىگەن شەرھىسى، ئىبنى قۇدامەنىڭ «ئەلمۇغنىي (الْمُغْنِيْ)»، ئىبنى ھەزمنىڭ «ئەلمۇھەللا (الْمُحَلَّى)»، ئىبنى رۇشدنىڭ «بىدايەتۇل مۇجتەھىد ۋە نىھايەتۇل مۇقتەسىد (بِدَايَةُ الْمُجْتَهِدِ وَنِهَايَةُ الْمُقْتَصِدِ)»، «فەتاۋا ئىبنى تەيمىييە (فَتَاوَى ابْنِ تَيْمِيَّةِ)»، «شەرھۇ ئەھادىيسىل ئەھكام (شَرْحُ أَحَادِيْثِ الْأَحْكَامِ)»، «تەفسىرۇ ئاياتىل ئەھكام (تَفْسِيْرُ آيَاتِ الْأَحْكَامِ)» ۋە باشقىلار. شۇ ئارقىلىق ئىختىلاپلارغا مۇراجىئەت قىلىش ۋە ئۇنى تەتقىق قىلىش ئاسان بولىدۇ.

بەشىنچى شەرت: قىياسنى بىلىش

[75] قىياسنىڭ ئەھكام ئىستىنبات قىلىش ئۇسۇللىرىدىن بىرى ئىكەنلىكى ئېنىق ئىكەن، ئىجتىھاد قىلماقچى بولغان كىشى توغرا قىياس مېتودىنى بىلىشى، شۇنداقلا ھۆكۈملەرنى بايان قىلىپ كەلگەن نەسلەردىن ئىستىنبات قىلىنغۇچى ئەسللەرنى بىلىدىغان بولۇشى، شۇ ھۆكۈملەر ئىچىدىن ئىجتىھاد قىلىدىغان تېمىغا ئەڭ يېقىن بولغان ھۆكۈمنى تاللاپ، تېمىنىڭ ھۆكمىنى تېپىپ چىقىشى كېرەك. قىياسنى بىلىش مۇنداق ئۈچ ئىشنى بىلىشنى تەقەززا قىلىدۇ:

بىرىنچى: نەسلەر ئىچىدىن مەسىلىلەرنىڭ ھۆكۈملىرىنى ئۈستىگە بىنا قىلغىلى بولىدىغان ئەسللەرنى بىلىش. يەنە بىرگە، بۇ نەسلەرنىڭ ھۆكۈملىرىگە تەسىرى بولغان ھەمدە ھۆكمى سۆزلەنمىگەن فەرئىلەرگە تەتبىقلىغىلى بولىدىغان ئىللەتلەرنى بىلىش.

ئىككىنچى: قىياسنىڭ قانۇن – قائىدىلىرىنى بىلىش. مەسىلەن، مۇئەييەن بىر ھالەتكە خاس ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان بىر ئىشقا يەنە بىر ئىشنى قىياس قىلغىلى بولمايدۇ. يەنە مەسىلەن، ئۇ قانۇنىيەتلەردىن بىرى ئىللەتنىڭ سۈپەتلىرىنى تونۇش بولۇپ، قىياس شۇ ئىللەتنىڭ سۈپەتلىرىگە ئاساسلىنىدۇ ۋە شۇنىڭغا بىنائەن فەرئى ئەسلىگە قېتىلىدۇ.

ئۈچىنچى: سەلەف سالىھ ئالىملارنىڭ تۇتۇپ ماڭغان مېتودىنى تونۇپ، ھۆكۈملەرنىڭ ئىللەتلىرىنى ۋە سۈپەتلەرنى تېپىپ چىقىش. ئۇلار شۇ ئىللەت ۋە سۈپەتلەرنى ئەھكام بىنا قىلىشنىڭ ئاساسى دەپ قارىغان ۋە شۇ ئارقىلىق بىر بۆلۈك فىقھىي ھۆكۈملەرنى چىقارغان.

ئىسنەۋىي مۇجتەھىدكە نىسبەتەن قىياسنى بىلىشنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: «قىياسنى ۋە ئۇنىڭ ئېتىبارلىق شەرتلىرىنى بىلىشى لازىم. چۈنكى، قىياس ئىجتىھادنىڭ ئۇلىدۇر ۋە ساناقسىز ئەھكاملارنىڭ تەپسىلاتىغا يەتكۈزگۈچىدۇر»(8).

ئالتىنچى شەرت: ھۆكۈملەردىكى مەقسەتلەرنى بىلىش

[76] فىقھىي ئەھكام چىقارماقچى بولغان كىشى ئىسلام شەرىئىتىنىڭ مەقسەتلىرىنى ۋە ئەمىن پەيغەمبەر مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ پەيغەمبەر قىلىنىپ ئەۋەتىلىشىدىكى غايىنى بىلمىكى لازىمدۇر. شۇلارنى بىلگەندە، ئىجتىھادىدا ئىسلام شەرىئىتىنىڭ مەقسىتىدىن چەتنىمەيدۇ. بىلمىسە، چۈشەنچىسىدە شەرىئەتنىڭ غايىسىدىن بۇرۇلۇپ كېتىپ، نەتىجىدە قىياس يوللىرىنى ۋە شەرئىي ئەھكاملارغا مۇناسىپ سۈپەتلەرنى بىلەلمەي قالىدۇ. شۇنداقلا يەنە ئىسلام شەرىئىتى «مەسلەھە» دەپ سانىغان ئىنسانىي مەسلەھەلەرنى بىلمىكى لازىمدۇر. چۈنكى، ئىنسانىي مەسلەھەلەرنى بىلىش مۇقەررەر پرىنسىپلاردىن بىرى بولۇپ، بۇنى بىلگەندە ۋەھمىي مەسلەھە بىلەن ھەقىقىي مەسلەھەنى، ئىسلام ماقۇل كۆرگەن كىشىلەرگە پايدىلىق ئىشلارنى، ئىسلام قارشى تۇرغان ۋەھم، ھاۋايى – ھەۋەس ۋە شەھۋەتلەرنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ. شۇنىڭدەك نېمىنىڭ راست مەسلەھە ۋە مەفسەدە ئىكەنلىكىنى بىلىشى، ئۇ ئىككىسىنى دەڭسىيەلىشى، مەفسەدەنى دەﻓﺌ قىلىشنى مەسلەھەنى ھاسىل قىلىشنىڭ ئالدىغا قويۇشى، كۆپچىلىككە پايدىلىق بولغاننى شەخسكە پايدىلىق بولغاننىڭ ئالدىغا قويۇشى لازىم. ئەنە شۇ ئىجتىھادنىڭ ئاساسلىرىدىن بىرىدۇر.

ئىمام شاتىبىي كىتابى «ئەلمۇۋافەقات (الموافقات)»تا مۇنۇلارنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن: «ئىجتىھاد مۇنداق ئىككى ئاساسقا تايىنىدۇ: بىرى شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىنى چۈشىنىش، يەنە بىرى ئەرەب تىلىنى چوڭقۇر چۈشىنىش». ئۇ بىرىنچىسى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «ئىنسان شەرىئەت مەسىلىلىرىدىن ھەربىر مەسىلىدىكى ۋە شەرىئەت بابلىرىدىن ھەربىر بابتىكى مەقسىتىنى چۈشىنىدىغان بىر چەككە يەتسە، ئۆگىتىش، پەتۋا بېرىش ۋە ئاللاھنىڭ كۆرسەتكىنىچە ھۆكۈم قىلىش ئىشلىرىدا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ خەلىفەسى (ئورۇنباسارى) بولۇش مەرتىۋىسىگە يەتكۈدەك بىر سۈپەت ئۇنىڭدا ھاسىل بولغان بولىدۇ».

يەنە ئېيتىدۇ: «ئەرەب تىلىنى بىلىش شەرىئەت مەقسەتلىرىنى بىلىشتىن ئىبارەت بىرىنچى ئاساسقا خىزمەت قىلىدۇ». ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «بىرىنچى ئاساس ئۇلدۇر، ئىككىنچىسى ئۇنىڭغا خىزمەت قىلغۇچىدۇر. چۈنكى، شەرىئەت مەقسەتلىرىنى بىلىش ئىجتىھادقا ئۇل بولىدىغان ئىلىمدۇر. تىل ۋە قۇرئان ھۆكۈملىرىنى بىلىشتەك باشقا ئىلىملەر ئىلمىي ھاسىلات ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، ئەگەر شەرىئەتنىڭ مەقسىتى، غايە ۋە نىشانلىرىنى كامىل بىلمەيدىغان بولسا، يېڭى بىر ئىستىنباتنى ئىشلەپچىقىرالمايدۇ».

بىز دەيمىزكى: «ئىككى ئاساس بىر – بىرىگە باغلىنىشلىقتۇر، شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىنى بىلىش نەسلەرسىز مۇمكىن ئەمەس، نەسلەر ئەرەب تىلىسىز مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى، بۇلار ئۆزئارا باغلىنىشلىقتۇركى، بىر – بىرىدىن ئايرىلمايدۇ. ‹شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىنى نەسلەرسىزمۇ چۈشەنگىلى بولىدۇ› دېيىش ناتوغرىدۇر. چۈنكى، ئۇ ۋاقىتتا نەسلەر بىھۇدە بولۇپ قالىدۇ. ئىمام شاتىبىينىڭ گېپىدىكى مۇرادىنى مۇنداق بايان قىلىشقا بولىدۇ: شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى مۇئەييەن بىر نەستىن چۈشىنىلمەيدۇ، بەلكى شەرىئەتنىڭ ئومۇمىي نەسلىرىدىن چۈشىنىلىدۇ. بۇ ھەقتۇر، لېكىن كۇللىيياتنى شەكىللەندۈرىدىغان نەسلەرنى چۈشىنىش بىر جۇزئىي نەستىكى غەرەزنى چۈشىنىشكە قاراشلىق بولىدۇ».

يەتتىنچى شەرت: ياخشى پەم ۋە ياخشى مۆلچەر

[77] بۇ يۇقىرىقى ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە قوللىنىلىدىغان قورالدۇر. بۇ قورال ئارقىلىق كۆزقاراشلارنىڭ توغرىسى بىلەن خاتاسىنى، ياخشىسى بىلەن ناچىرىنى ئايرىغىلى بولىدۇ. ئۇشبۇ شەرتنى ئىسنەۋىي ئىزاھلاپ ئېيتىدۇكى: «ئۆزىنىڭ نەزەرىدە خاتالىقتىن ئەمىن بولۇش ئۈچۈن، ھەد ۋە بۇرھان(9)لار (ئېنىقلىما ۋە ئىسپاتلار) نىڭ شەرتلىرىنى، بۇرھانلارنىڭ مۇقەددىمەلىرىنى قانداق تەرتىپلەش ۋە قانداق نەتىجە چىقىرىشنى بىلىشى شەرت قىلىنىدۇ»(10).

ئىسنەۋىي بۇنىڭ بىلەن مەنتىق ئىلمىنى شەرت قىلىۋاتقان بولسا كېرەك. چۈنكى، ھەد ۋە ئۇنىڭ شەرتلىرى، بۇرھان ۋە ئۇنىڭ مۇقەددىمەلىرىنى ۋە باشقا نەرسىلەرنى مەنتىق ئىلمى بىلەن بىلگىلى بولىدۇ. بەزى ئالىملار مەنتىق بىلىشنى شەرت قىلمىغان. چۈنكى، ئۇلار نەزەر سېلىپ شۇنى بايقىغانكى، ساھابە ۋە تابىئىننىڭ فۇقەھائلىرى، مۇجتەھىد ئىماملار سان – ساناقسىز فىقھىي ئىجتىھادقا ئۇلاشقان، ھالبۇكى ئۇ چاغدا مەنتىق ئىلمى ئەرەبلەر ئارىسىدا تارقالمىغان ئىدى. ئۇلارنىڭ ئۇنى بىلمەيدىغانلىقى ئېنىقتۇر.

بەزى ئالىملار ئۇنى مەكرۇھ دېگەن ۋە ئۇنى ئۆچ كۆرگەن. بۇلار قاتارىدا شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىييەمۇ بار. ئۇ مەنتىق بىلىشنىڭ ھېچبىر پايدىسى يوق دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن ۋە «نەقزۇل مەنتىق (نقض المنطق)» نامىدا بىر كىتاب يازغان. بەزى ئەھلىسۈننەت ئالىملىرى بۇ ئىلىمنىڭ مەكرۇھلۇقىنى بايان قىلىش ئۈچۈن كىتابلارنى يازغان.

بىز مەنتىق بىلىشنىڭ ئىجتىھاد ئۈچۈن شەرت ئەمەسلىكىگە قوشۇلۇشىمىز مۇمكىن، لېكىن ئۇنى مەكرۇھ دەپ قارىمايمىز، بەلكى ئۇنى قالتىس ئەقلىي بىر پەن، شۇنداقلا مۇنازىرە قىلىشتا ۋە ئازغۇنلار ئالدىدا ھەقىقەتلەرنى قوغداشتا پايدىلىق ساغلام بىر مىزان دەپ قارايمىز، گەرچە ئۇنىڭ شەرئىي ھەقىقەتلەرنى يەكۈنلەشتە روشەن پايدىسى بولمىسىمۇ.

بىز مەنتىقنى شەرت قىلمىساقمۇ، فەقىھنىڭ ھەقىقەتلەرنى ھاسىل قىلىشقا يېتەلىشى ئۈچۈن، ئىمام شافىئىي شەرت قىلغان ياخشى پەم ۋە ئۆتكۈر نەزەرنى تەكىتلەيمىز.

سەككىزىنچى شەرت: دۇرۇس نىيەت ۋە ساغلام ئېتىقاد

[78] خالىس نىيەت قەلبنى ئاللاھنىڭ نۇرى بىلەن نۇرلاندۇرىدۇ – دە، شۇنىڭ بىلەن قەلب بۇ ھېكمەتلىك دىننىڭ جەۋھىرىگە ئۆتەلەيدۇ، ھەقكە يۈزلىنىپ، ھەقتىن باشقىنى ئىزدىمەيدۇ ۋە ھەقتىن ئۆزگىنى مەقسەت قىلمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇخلىس كىشىنىڭ قەلبىگە ھېكمەت تاشلايدۇ ۋە ئۇنى ھىدايەتكە باشلايدۇ. شەرىئەت بىر نۇردۇركى، ئۇنىڭغا پەقەت قەلبى ئىخلاس بىلەن يورۇغان ئادەملەرلا يېتەلەيدۇ.

بىدئەتچى ياكى ھاۋايى – ھەۋەس ئەھلى بولغان، ياكى نەسلەرگە ساغلام قەلب بىلەن باقمايدىغان بۇزۇق ئېتىقادلىق كىشىلەرگە كەلسەك، ئۇلارنىڭ ئەقلى قانچە كۈچلۈك بولۇپ كەتسۇن بۇ بۇزۇق ئېتىقاد ئۇنىڭ تەپەككۇرىنى ئىگىلىۋېلىپ، توغرا ھۆكۈم چىقىرىشتىن توسۇپ قالىدۇ. چۈنكى، ئەگرى نىيەت پىكىرنى ئەگرى قىلىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇشبۇ تېرەن فىقھنى ئۆزلىرىدىن كېيىنكى ئەۋلادلارغا مىراس قالدۇرغان بۈيۈك ئىماملارنىڭ فىقھ بىلەن مەشھۇر بولۇشتىن ئىلگىرى تەقۋادارلىق بىلەن مەشھۇر بولغانلىقىنى كۆرىمىز.

ئىسلام ھەقىقەتلىرىنى ئىزدەشتىكى ئىخلاس ئىزدىگۈچىنى بۇ ھەقىقەتلەرگە يېقىنلاشتۇرىدۇ – دە، ئىزدىگۈچى ئۇ ھەقىقەتلەرنى نەدىن تاپسا شۇ يەردىن ئالىدۇ، مۇتەئەسسىبلىك قىلمايدۇ ۋە ئۆزىنىڭ گېپىنى مۇتلەق توغرا، باشقىلارنىڭ گېپىنى مۇتلەق خاتا دەپ تۇرۇۋالمايدۇ، ھەتتا ئۆزىنىڭ ئىجتىھادىنىڭ خاتا بولۇشىنىمۇ پەرەز قىلالايدۇ، شۇنىڭدەك باشقىلارنىڭ ئىجتھادىنىڭ توغرا بولۇشىنىمۇ پەرەز قىلالايدۇ. شۇڭا بۈيۈك ئىماملار: «گېپىمىز توغرا، خاتا بولۇشىمۇ مۇمكىن، باشقىلارنىڭ گېپى خاتا، توغرا بولۇشىمۇ مۇمكىن» دېيىشەتتى.

ئىلگىرى نەقىل قىلغىنىمىزدەك، ئىمام شافىئىي شاگىرتلىرىنى ھەدىس تاپسا، گەرچە ئۆزىنىڭ مەزھەبىگە قارشى ھەدىس بولسىمۇ، ھەدىسنى تۇتۇشقا بۇيرۇيتتى. ھەتتا ئۇ: «شۇنداق ۋاقىتتا ھەدىس مېنىڭ مەزھەبىم بولىدۇ» دەيتتى. ئۇ: «ھەدىس سەھىھ بولسا، شۇ مېنىڭ مەزھەبىمدۇر» دەيتتى. ئىمام ئەبۇ ھەنىفەمۇ: «بۇ مەن يەتكەن ئەڭ ياخشى قاراش، كىمكى ئۇنىڭدىن ياخشىراقىنى كۆرسە، شۇنىڭغا ئەگەشسۇن» دەيتتى.

ئىمام شاتىبىي ئېيتقاندەك، ئىجتىھاد — پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ، كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى «قۇرئان كەرىم» زىكىر قىلغاندەك ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بايان قىلغاندەك بايان قىلىش ئۈچۈن، تەپەككۇردا يۈكسەلمەك، روھ ۋە ئىلىمدە ئۆرلىمەكتۇر. بۇ يۇقىرى مەرتىۋىگە ئاللاھقا بويسۇنمىغان ۋە بۇ دىندىكى ھەقنى ئىزدەشتە خالىس بولمىغان ئادەم ھەرگىزمۇ يېتەلمەيدۇ.

[79] بۇ ئىشلارنىڭ مۇجتەھىدتە تېپىلىشىنىڭ شەرت ئىكەنلىكىگە ئالىملار ئىجماﺋ قىلغان. بىراۋ دېيىشى مۇمكىن: بۇ شەرتلەرنى كىم قويدى؟ نېمىشقا ئۆزىنى ئىجتىھاد ۋە ئىجتىھاد ئەھلىگە ھاكىم قىلىۋالىدۇ؟ ئۇ شەرتلەرنى نەدىن چىقاردى؟

شەكسىزكى، بۇ سوئاللار ئىشقا يۈزەكى چۈشەنچە بىلەن قارىغاندا كېلىپ قېلىشى مۇمكىن. ئۇ سوئاللارنى قوللىرىدا ئىجتىھاد قوراللىرىمۇ يوق، ئىجتىھاد سالاھىيىتىمۇ يوق تۇرۇپ ئىجتىھادقا قەدەم ئالماقچى بولغانلار كەلتۈرگەن. بۇ سوئاللارغا جاۋاب شۇكى، مەزكۇر شەرتلەر ئەقىللەر ئېتىراپ قىلىدىغان بەدىيھىي بىر ئىش بولۇشى مۇمكىن، ياكى ئۇ شەرتلەر ئىجتىھاد يولىنى ئاچقان، بىز كەم – كوتىسىز ئىجتىھاد قىلىش ئۈچۈن ئەگىشىۋاتقان ئاۋۋالقى مۇجتەھىدلەرنىڭ سۈپەتلىرى جۈملىسىدىن بولۇشى مۇمكىن. ھەقىقەت ئىزدەشتە ئىخلاس ۋە دۇرۇس نىيەتنى شەرت قىلىش، ياخشى پەم ۋە ياخشى مۆلچەرنى شەرت قىلىش، توغرا قىياس قىلىش ئۈچۈن نەسلەرنىڭ مەنىلىرىنى ۋە ئەھكام يەكۈنلەش قائىدىلىرىنى بىلىشنى شەرت قىلىش، شۇنىڭدەك شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىنى بىلىشنى شەرت قىلىش — بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەقلىي بەدىيھىيياتنىڭ تەلقىنىدۇر، ھېچبىر ئاقىل ئۇ ھەقتە تالاشمايدۇ. ئۇنداق دېمەيدىغان بولساق، ياخشى دىتلىيالمايدىغان ئادەم قانداقمۇ ئىجتىھاد قىلالىسۇن؟! دۇرۇس نىيەتلىك بولمىغان ئادەم قانداقمۇ ئىجتىھادقا قەدەم ئالالىسۇن؟! شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىنى بىلمەيدىغان ۋە ھۆكۈم ئېلىش قائىدىلىرىنى ئۇقمايدىغان ئادەم قانداقمۇ شەرىئەتنىڭ ھۆكۈملىرىنى بىلەلىسۇن؟!

[80] ئەرەبچىنى، «قۇرئان»نى، سۈننەتنى ۋە ئىجماﺋ ئوبيېكتلىرىنى بىلىشنى شەرت قىلىشقا كەلسەك، چۈنكى ساھابەلەر ئىچىدىكى ئىجتىھاد قىلغانلار ئۆزلىرىدە شۇ ئىلىملەرنى ھازىرلىغان ئىدى، ھالبۇكى ئۇلار رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دەۋرىدە ئىجتىھاد يولىدا ماڭغان، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ ئىجتىھادلىرىنى ئېتىراپ قىلغان كىشىلەردۇر. دېمەك، ئۇلارنىڭ ئىجتىھادى «ھۆججەت» دەپ قارىلىدىغان ئىجتىھادتۇر، ئۇلارنىڭ تۇتقان يوللىرى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېتىراپ قىلغان يوللاردۇر. ئۇلارنىڭ يولىغا قارشى چىقىش ئىجتىھاد يولىغا قارشى چىققانلىقتۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە كىتاب – سۈننەت ۋە ئىجماﺋ ئىسلام فىقھىسىنىڭ مەنبەلىرىدۇر. ئىسلام فىقھىسىنىڭ مەنبەلىرىنى بىلمەيدىغان ئادەم قانداقمۇ ئىسلام فىقھىسىدا ئىجتىھاد قىلالىسۇن؟! ئىسلامنىڭ مەنبەلىرىگە باغلانماي تۇرۇپ، ئىجتىھاد قىلماقچى بولغانلار خاھلىغانچە ئىجتىھاد قىلىۋالسا بولىدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى يەتكەن بىر نەتىجىنى ئىسلام ھۆكۈملىرىدىن بىرى دېيىشى ناتوغرىدۇر، بەلكى ئۇ ئۇلارنىڭ ھاۋايى – ھەۋىسىدۇر. ‏لا ھەۋلە ۋەلا قۇۋۋەتە ئىللا بىللاھ!

(ب) ئىجتىھاد مەرتىۋىلىرى

[81] دېگىنىمىزدەك، ئىجتىھاد ئىككى قىسىمدۇر: بىرى، كامىل ئىجتىھاد. ئۇنىڭ شەرتلىرىنى دەپ ئۆتتۇق. يەنە بىرى، تەتبىقلاشتىكى ۋە ئىلگىرىكىلەر ئىجتىھادلىرى ئارقىلىق يەتكەن ئۇسۇل – قائىدىلەرنىڭ تەقەززاسى بويىچە مەسىلىلەرنى يەكۈنلەپ چىقىرىشتىكى ئىجتىھادتۇر. مانا بۇ «تەخرىج قىلىش» ياكى «مەزھەب ئىچىدە ئىجتىھاد قىلىش» دەپ ئاتىلىدۇ. مەزھەبلەرنىڭ فۇقەھائلىرى بۇ ئىجتىھادقا نىسبەتەن بىرقانچە دەرىجىدىدۇر. ئىجتىھادمۇ ئۇلارغا نىسبەتەن بىرقانچە مەرتىۋىدۇر. ھەر فەقىھ بىر مەرتىۋىگە ئىگە بولۇپ، شۇنىڭدىن ھالقىپ كەتمەيدۇ. يەنە كامىل ئىجتىھادمۇ ئىككى مەرتىۋىدۇر: بىرى، مۇئەييەن بىر مەزھەبنىڭ ئۇسۇل – قائىدىلىرىگە باغلىنىدىغانلارنىڭ مەرتىۋىسىدۇر. يەنە بىرى، ئىختىلاپ يوق سابىت مۇقەررەر ئۇسۇللاردىن باشقا ھېچبىر مەزھەبنىڭ ئۇسۇل – قائىدىسىگە باغلانمايدىغانلارنىڭ مەرتىۋىسىدۇر.

بۇنىڭغا بىنائەن، ئىجتىھاد بىرقانچە مەرتىۋىگە بۆلۈنىدۇ. فۇقەھائ‍ ئۇنى يەتتە مەرتىۋە دەپ سانىغان. فۇقەھائ‍ ئۇنىڭدىن تۆتىگە ئىگە بولغانلارنى مۇجتەھىد دەپ سانايدۇ. قالغان ئۈچىگە ئىگە بولغانلار گەرچە بىر تۈرلۈك ئىجتىھادقا ئىگە بولسىمۇ «مۇقەللىد» دەپ سانىلىدۇ.

1. شەرىئەت ئىچىدە ئىجتىھاد قىلغۇچى مۇجتەھىدلەر (الْمُجْتَهِدُوْنَ فِي الشَّرْعِ)

[82] بۇ بىرىنچى تەبىقىدۇر. ئۇ تەبىقىدىكىلەر «مۇستەقىل مۇجتەھىدلەر» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇلار ئەھكاملارنى ئۆز مەنبەلىرىدىن ئالىدۇ، يەنى كىتاب – سۈننەتتىن ئالىدۇ ۋە كىتاب – سۈننەتنىڭ نەسلىرىگە قىياس قىلىدۇ. ئەگەر توغرا كۆرسە، مەسلەھەلەر بىلەنمۇ پەتۋا بېرىدۇ، ئىستىھسان بىلەن ۋە بەزىلىرى بىرەر نەس تاپالماي قالسا ئەقىل بىلەن ھۆكۈم قىلىدۇ. ئومۇمەن، ئۇلار ئۆزلىرى توغرا كۆرگەن دەلىللەش يوللىرىنىڭ ھەممىسىگە كىرىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تاللاشلىرىدا مەزھەب پېشۋالىرىدىن ھېچبىرىگە ئەگەشكۈچى ئەمەس. پەقەت ساھابە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمغا ئەگەشكۈچىدۇر. (ساھابەلەرگە ئەگەشكۈچى بولۇش شەرەپ بولۇپ) ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ساھابەلەرگە ئەگەشكەنلەرنى ماختىغان.

سەئىد ئىبنى مۇسەييەب ۋە ئىبراھىم نەخەئىيگە ئوخشاش تابىئىننىڭ فۇقەھائلىرى، شۇنداقلا جەئفەر سادىق ۋە ئۇنىڭ دادىسى مۇھەممەد باقىر، ئەبۇ ھەنىفە، مالىك، شافىئىي، ئەۋزائىي، لەيس ئىبنى سەئد، سۇفيان سەۋرىي ۋە باشقا نۇرغۇنلاردەك مەزھەب پېشۋالىرى بولغان فۇقەھائ‍ مۇشۇ مۇجتەھىدلەرنىڭ قاتارىدىندۇر. ئۇلارنىڭ بەزىسىنىڭ مەزھەبى بىزگە يېتىپ كېلەلمىگەن، لېكىن ئۇلارنىڭ قاراشلىرى فۇقەھائنىڭ ئىختىلاپلىرى بايان قىلىنغان كىتابلارنىڭ ئارىلىرىدا كېلىدۇ. سىز ئۇلارنىڭ قاراشلىرىنىڭ يالغانلىقىغا ھېچبىر دەلىل يوق، راستلىقى تەرجىھ قىلىنغان بىر رىۋايەت بىلەن نەقىل قىلىنغانلىقىنى كۆرىسىز.

ئىماملارغا شاگىرت بولۇپ، ئەھكام يەكۈنلەش جەھەتتە ئۇلارنىڭ مەدرەسەلىرىنى پۈتتۈرگەن ئۇلارنىڭ شاگىرتلىرى مۇشۇ تەبىقىدىن سانىلامدۇ؟ جاۋابەن، بىز دەيمىزكى: «ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ بەزىلىرى شەكسىز ئىككىنچى تەبىقىدىندۇر، بەزىلىرىنى فۇقەھائ‍ بىرىنچى تەبىقە قاتارىدا ساناشتا ئىختىلاپلاشقان. بۇلارنىڭ جۈملىسىدىن: ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ شاگىرتلىرى ئەبۇ يۈسۈف (ۋاپاتى ھ. 183)، مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن شەيبانىي (ۋاپاتى ھ. 189)، زۇفەر ئىبنى ھۇزەيل (ۋاپاتى ھ. 159) قاتارلىقلار. ئىبنى ئابىدىن باشقىلارغا ئەگىشىپ، ئۇلارنى بايانى تۆۋەندە كېلىدىغان ئىككىنچى تەبىقىنىڭ قاتارىدىن سانىغان ۋە مۇستەقىل مۇجتەھىدلەر قاتارىدىن سانىمىغان. ئۇ ئىككىنچى تەبىقە ھەققىدە دەيدۇكى: ‹ئىككىنچى تەبىقە مەزھەب ئىچىدە ئىجتىھاد قىلغۇچى مۇجتەھىدلەر تەبىقىسىدۇر، مەسىلەن ئەبۇ يۈسۈف ۋە مۇھەممەد، شۇنداقلا يەنە ئۇستازى بېكىتىپ بەرگەن قائىدىلەرگە ئاساسەن دەلىللەردىن ئەھكام چىقىرىشقا قادىر ئەبۇ ھەنىفەنىڭ باشقا شاگىرتلىرى. ئۇلار بەزى فۇرۇئاتلاردا ئۇستازىغا مۇخالىپ بولسىمۇ، يەنىلا ئۇسۇلدا ئۇستازىغا تەقلىد قىلىدۇ›»(11).

[83] بۇ گەپ تەكشۈرۈشكە تېگىشلىك. چۈنكى، ئەبۇ يۈسۈف، مۇھەممەد ۋە زۇفەر فىقھىي تەپەككۇرلىرىدا مۇستەقىل ئىدى، تەقلىد تۈرلىرىنىڭ ھېچبىرىدە شەيخىگە تەقلىد قىلمىغان ئىدى. ئۇلارنىڭ ئۇستازىنىڭ قاراشلىرىنى تەتقىق قىلغان ۋە ئۇنىڭدىن تەلىم ئالغان بولۇشى ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىقىغا ۋە ئۇلارنىڭ ئىجتىھادىنىڭ ئەركىنلىكىگە دەخلى قىلالمايدۇ. باشقىلاردىن تەلىم ئالغان ئادەمنىڭ ھەرقاندىقى مۇقەللىد بولامدۇ؟ ئۇنداق دەپ قالساق، ئەلبەتتە ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىمۇ مۇستەقىل مۇجتەھىدلەر دەرىجىسىدىن چۈشۈرۈۋېتىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. ئۇنداق دەۋا باتىلدۇر. چۈنكى، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ئوقۇشىنى ئۇستازى ھەمماد ئىبنى ئەبۇ سۇلايماندا ئىبراھىم نەخەئىينىڭ فىقھىسىنى ئۆگىنىش بىلەن باشلىغان. ئەبۇ ھەنىفە شۇ ئىبراھىم نەخەئىينىڭ فىقھىسى بويىچە كۆپ تەخرىج قىلىدىغان ئىدى. ئەبۇ ھەنىفەنىڭ فىقھتىكى ئىجتىھاد نېسىۋىسىنى كېمەيتمەكچى بولغانلار شۇنداقمۇ دەپ باققان.

بۇ شاگىرتلارنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئۇستازىنىڭ ئەھكام يەكۈنلەشتە تايىنىدىغان ئۇسۇل – قائىدىلىرى كۆپىنچە بىر بولسىمۇ، لېكىن پۈتۈنلەي بىر ئەمەس. ئۇلارغا مۇستەقىللىق سۈپىتىنىڭ ئىسپاتلىنىشى ئۈچۈن، ئەنە شۇ قارشىلىقلار يېتەرلىكتۇر. ئەگەر ئۇلار ئەھكام يەكۈنلەش ئۇسۇللىرىدا بىر بولسا، بۇ ئەگىشىشتىن ئەمەس، بەلكى قانائەت قىلىشتىندۇر. تەقلىد قىلىدىغان ئادەم بىلەن ئىجتىھاد قىلىدىغان ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى پەرق بۇدۇر ۋە بۇ توغرا ئۆلچەمدۇر.

ئەنە شۇ ئىماملارنىڭ ھاياتىنى تەتقىق قىلغان ئادەم ئۇلاردىن، ھەتتا ئۇسۇل – قائىدە جەھەتتىمۇ، «تەقلىد» دېگەن سۈپەتنى نېرى قىلىدۇ. چۈنكى، ئۇلار شەيخى ئەبۇ ھەنىفەدە ئوقۇغان نەرسىلەر بىلەنلا كۇپايىلەنمىگەن، بەلكى شەيخىدىن كېيىن باشقىلاردىمۇ ئوقۇغان. مەسىلەن، ئەبۇ يۈسۈف ئەھلى ھەدىسنى لازىم تۇتقان ۋە ئۇلاردىن ئېھتىمال ئۇستازى ئەبۇ ھەنىفە خەبەردار بولالماي قالغان كۆپلىگەن ھەدىسلەرنى ئالغان. ئاندىن كېيىن ئۇ قازىلىققا ئىگە بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئەھۋاللىرىنى تونۇغان. ئۇ ئۇستازى بىلەن مۇۋاپىقلاشقان قاراشلارنى قازىلىق بىلەن يالتىراتقان ۋە ئىنسانلار ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىشتىكى تەجرىبە – ساۋاقلىرىغا ئاساسەن، بەزى قاراشلاردا ئۇستازىغا مۇخالىپ كەلگەن.

«ئەنە شۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئىمام ئەبۇ ھەنىفە دېگەن، ئەبۇ يۈسۈف ئۇنىڭ قاراشلىرىدىن تاللىغان» دېيىشىمىز ھەقىقەتلەرنى ئاستىن – ئۈستۈن قىلغانلىقتۇر. بەزى ھەنەفىي فۇقەھائ‍ ئەبۇ ھەنىفەگە قاتتىق تەرەپدارلىق قىلىپ شۇنداقمۇ دەۋا قىلغان.

مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن شەيبانىي ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنى پەقەت ئىلمىي ھاياتىنىڭ دەسلىپىدىلا ئاز مۇددەت ئۇستاز تۇتقان. چۈنكى، شەيبانىي تېخى 18 ياش چېغىدا ئەبۇ ھەنىفە ۋاپات بولۇپ كەتكەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئىمام مالىك بىلەن ئالاقە باغلاپ، مالىكنى ئۈچ يىل ئۇستاز تۇتقان ۋە ئۇنىڭدىن «مۇۋەتتا»نى رىۋايەت قىلغان. ئۇنىڭ بۇ مۇۋەتتا ھەققىدىكى رىۋايەتى ئىسناد جەھەتتىن ئەڭ سەھىھ رىۋايەتلەردىندۇر. ئەگەر ئۇ ئۇسۇل – قائىدىدە مۇقەللىد بولسا، ئىككى ئىمامنىڭ قايسىسىنى تەقلىد قىلىدۇ؟ ئەبۇ ھەنىفەنىمۇ ياكى مالىكنىمۇ، ياكى ئىككىلىسىنىمۇ؟ مەنتىق بىزنى «ئۇ شەكسىز مۇقەللىد ئەمەس ئىدى» دېيىشكە قىستايدۇ. ئۇنىڭ شەيخى ئەبۇ يۈسۈف ۋە زۇفەردىمۇ ئەھۋال شۇنداقتۇر. بۇلارنىڭ ھەممىسى فۇرۇئدىمۇ ۋە ئۇسۇلدىمۇ ھېچكىمنى تەقلىد قىلمايدىغان مۇستەقىل مۇجتەھىدلەردۇر.

لېكىن، شۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشىمىز كېرەككى، ئۇسۇللارنى ئۇلار ئىمام ئەبۇ ھەنىفەدىن ئۆگەنگەن ۋە ئۇ جەھەتتە ئەبۇ ھەنىفەگە ئەگەشكەن دېگۈدەك ئۇسۇل – قائىدىلەر تېخى ئەبۇ ھەنىفەنىڭ دەۋرىدە تولۇق تەھرىرلىنىپ بولمىغان، بەلكى ئۇسۇل – قائىدە دېگەن ئەھكام يەكۈنلىگەندە مۇلاھىزە قىلىنىدىغان، بىۋاسىتە ئۆگەتكىلى بولمايدىغان نەرسە. ئەگەر ئۇ چىڭ تۇتۇپ ئەمەل قىلغان ئۇسۇل ھەققىدە ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ ئاغزىدىن بىر گەپلەر چىققان دېگەندىمۇ، ئۇ گەپ بارلىق جايلارنىڭ مەزھەبلىرى ئىتتىپاقلىشىدىغان، ھېچكىم ئىختىلاپلاشمايدىغان مۇجمەل (ئابستراكت) بىر گەپ بولىدۇ.

ئىبنى ئابىدىننىڭ كامال ئىبنى ھۇمامنى مۇستەقىل مۇجتەھىد دەپ، بۇ بۈيۈك ئىماملارنى مۇستەقىل مۇجتەھىد دېمەسلىكى غەلىتە بىر ئىشتۇر.

[84] بۇ يەردە بىر سوئال كېلىدۇ: بۇ تۈرلۈك ئىجتىھاد ئىشىكىنى ئېچىش جائىزمۇ؟

شافىئىيلار ۋە كۆپىنچە ھەنەفىيلەر بۇنى جائىز سانىغان. لېكىن، بۇ ئىككى مەزھەبنىڭ بەزى كېيىنكى ئالىملىرى ئەمەلىيەتتە ئىجتىھادنىڭ ئىشىكىنى تاقىۋەتكەن. بىراق، ئۇنى تاقىۋەتكەنلەرنىڭ تاقاشقا ھۆكۈم قىلمىغانلىقى ئاشكارىدۇر. دېگىنىمىزدەك، بەزى ھەنەفىيلەر «فەتھۇلقەدىر (فتح القدير)»نىڭ مۇئەللىفى ئىمام كامال ئىبنى ھۇمامنىڭ بۇ تۈرلۈك ئىجتىھاد مەرتىۋىسىگە يەتكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.

مالىكىيلارمۇ بۇ جەھەتتە ئىلگىرىكى ئىككى مەزھەبكە يېقىنلاشقان، بىراق ئۇلار گەرچە بىرەر دەۋرنىڭ مۇتلەق مۇستەقىل مۇجتەھىدتىن خالىي قېلىشىنى جائىز سانىغان بولسىمۇ، «ھېچبىر ئەسىرنىڭ غەيرى مۇستەقىل مەزھەب مۇجتەھىدلىرىدىن خالىي قالماسلىقى ۋاجىب» دەپ قارىغان.

ھەنبەلىيلەرگە كەلسەك، ئۇلار بىردەك «بىرەر ئەسىرنىڭ مۇستەقىل مۇجتەھىدتىن خالىي قېلىشى جائىز ئەمەس» دېگەن قاراشتا بولغان. بۇ توغرۇلۇق ئىمام ئىبنۇلقەييىم ئېيتقانكى: ئۇلار (يەنى مۇستەقىل مۇجتەھىدلەر) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن كىشىلەردۇر: «إِنَّ اللَّهَ يَبْعَثُ لِهَذِهِ الْأُمَّةِ عَلَى رَأْسِ كُلِّ مِائَةِ سَنَةٍ مَنْ يُجَدِّدُ لَهَا دِينَهَا / ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر يۈز يىلنىڭ بېشىدا، بۇ ئۈممەتنىڭ دىنىنى ياشارتىدىغانلارنى ئۇلارغا ئەۋەتىدۇ»(12). ئۇلار ئاللاھنىڭ تىككەن كۆچەتلىرىدۇركى، ئاللاھ داۋاملىق ئۇلارنى ئۆزىنىڭ دىنىغا تىكىپ تۇرىدۇ. ئۇلار ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب مۇنداق دېگەن كىشىلەردۇر: «زېمىن ھەرگىزمۇ ئاللاھ ئۈچۈن ھۆججەت كەلتۈرىدىغان كىشىدىن خالىي قالمايدۇ»(13).

دېمەك، ھەنبەلىيلەرگە كۆرە، ھەر تۈرلۈك ئىجتىھادنىڭ ئىشىكلىرى ئوچۇقتۇر. كىشىلەرنىڭ ئىدراك كۈچى پەرقلىق ۋە ھەر خىل بولغان ئىكەن، ھېچكىمنىڭ ئىجتىھاد ئىشىكىنى تاقاش ھەققى يوق. ھەممە ئىنسان ئىجتىھادقا ئەھل بولالمىسا ۋە ھەر كىمنىڭ ئاڭ – ئىدراكى، مۇيەسسەر بولغان ئارتۇقچىلىقى بار بولسا، ئۇنداقتا پەقەت ئىجتىھادقا ئەھل بولغان كىشىنىڭلا ئىجتىھادنى دەۋا قىلىش ھەققى بار بولىدۇ. ئەگەر ئەھل ئەمەس تۇرۇپ ئىجتىھادنى دەۋا قىلىۋالسا، يالغان ئېيتىپ گەپ توقۇغان ۋە شەيتانغا ئالدانغان بولىدۇ ھەمدە ئىلىم ۋە ئىجتىھادى تۈگۈل دىيانىتىگىمۇ ئىشەنگىلى بولمايدۇ.

ھەنبەلىيلەر ئىجتىھاد ئىشىكىنىڭ ئوچۇقلۇقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەنلا قالماي، بەلكى ھېچبىر دەۋرنىڭ بىرمۇ مۇجتەھىدتىن خالىي قالماسلىقىنى ۋاجىب دەپ قارىغان. ھەنبەلىي فۇقەھائلىرىدىن ئىبنى ئەقىل ئېيتقانكى: «گاھىدا مۇتلەق مۇجتەھىدتىن خالىي قالىدىغان بىرەر ئەسىرنىڭ بولۇپ قېلىشى (نىڭ جائىز ئەمەسلىكى) ھەققىدە ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئارىسىدا ئىختىلاپ بارلىقى مەلۇم ئەمەس». (ھىجرىيە يەتتىنچى ئەسىردە ياشىغان) ئىبنى ھەمدان ھەنبەلىي دەيدۇكى: «ئۇزۇن زاماندىن بېرى مۇتلەق مۇجتەھىد چىقمىدى، ھالبۇكى مۇجتەھىدنىڭ چىقىشى ھازىر ئاۋۋالقى زاماندىكىدىن ئاسانراق». ئۇشبۇ ئۇلۇغ فەقىھنىڭ گېپىنى تولۇق كەلتۈرەيلى، ئۇ سۆزىگە چۈشەنچە بېرىپ ئېيتىدۇ: «چۈنكى، ھەدىس ۋە فىقھ توپلىنىپ بولدى، شۇنىڭدەك ئىجتىھادقا ئالاقىدار ئايەتلەر، ئەسەرلەر، ئۇسۇلۇلفىقھ ۋە ئەرەب تىلى ۋە باشقا كېرەكلىك نەرسىلەرمۇ توپلىنىپ بولدى. لېكىن، ھىممەتلەر كەم، قىزىقىشلار تۆۋەن، ئەستايىدىللىق ۋە سەگەكلىك ئوتلىرى ئۆچۈكتۇر، تەقلىد بىلەن كۇپايىلىنىش، جاپا – مۇشەققەتتىن قېچىش ۋە ئېغىر يۈكلەردىن يالتىيىش، ۋەزىيەتكە ماسلىشىش ۋە جاپا تارتماي ئارمانغا يېتىشنى ئىزدەش قاتارلىقلار ھاكىم بولىۋالدى. ھالبۇكى مۇتلەق ئىجتىھاد پەرز كۇپايىدۇر. ئۇلار ئۇنىڭغا سەل قارىدى، ئۇنىڭدىن زېرىكتى، ئۇنى قىلىش ئۈچۈن ئەقىللىرىنى ئىشلەتمىدى»(14).

[85] ئىمامىي شىئەلەرگە كۆرە، ئۇلارنىڭ نەزەرىدىمۇ ئىجتىھادنىڭ ئىشىكلىرى ئوچۇقتۇر. دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئۇلارنىڭ ئىجتىھادىغا نەزەر سالغىنىمىزدا، ئۇلارغا كۆرە، ئىجتىھادتا فىقھنىڭ ئاساسى ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە ئۆزلىرىنىڭ يولى بىلەن (يەنى شىئەلەرنىڭ يولى بىلەن) رىۋايەت قىلىنغان سۈننەت ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىماملىرىنىڭ سۆزلىرىنى سۈننەت قاتارىدىن سانايدۇ. ئۇلارنىڭ نەزەرىدە ئۇلار ئۆزلىرى مۇتلەق بويسۇنۇپ ئېتىراپ قىلىشقان ئون ئىككى ئىمامدىن باشقا ھېچكىم ئىمام ئەمەس. چۈنكى، ئىمام جەئفەر سادىقنىڭ سۆزى ئۇسۇلدىمۇ ۋە فۇرۇئدىمۇ تەڭلا ھۆججەتتۇر، ئۇ جەھەتتە ئۆزگەرتىش قىلىشقا بولمايدۇ، شۇنىڭدەك جەئفەر سادىقنىڭ دادىسى ۋە ئەجدادلىرىنىڭ سۆزلىرى، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە نەۋرىلىرىنىڭ، تا ئۇلار ئىمام دەپ ئېتىراپ قىلغانلارنىڭ ئاخىرىغىچە ھەممىسىنىڭ سۆزلىرى ھۆججەتتۇر.

ئىمام غايىب بولسا، — ھالبۇكى ئۇ بۇ كۈنىمىزگىچە غايىبتۇر — ئۇلار قانداق ئىجتىھاد قىلىدۇ؟ ئۇلار ئىجتىھادلىرىدا مۇنداق ئىككى ئىشقا باغلىنىقلىقتۇر:

بىرىنچىسى: بۇ ئىماملاردىن رىۋايەت قىلىنغان ھەرقانداق فەرئىدە خىلاپلىق قىلىشقا بولمايدۇ. ئىماملارنىڭ سۆزلىرىگە ئاساسەن قانچىلىك ھۆكۈم يەكۈنلىيەلىسە، شۇنچىلىك يەكۈنلىسە بولىدۇ. ئەگەر ئۇلار ئىماملارنىڭ سۆزلىرىنى تاپالمىسا، ئەقىل ھۆكۈملىرىنى تەتبىقلايدۇ. چۈنكى، ئۇلار ئەقىلنى ئاللاھنىڭ كىتابىدىن ۋە سۈننەتتىن كېيىنكى ھۆججەت دەپ قارايدۇ. ھالبۇكى ئۇلارنىڭ ئىماملىرىنىڭ سۆزلىرىمۇ ئەقلىي ھۆكۈملەرنىڭ قاتارىدىندۇر.

ئىككىنچىسى: ئۇلار ئىماملىرىنىڭ ئۇسۇللىرىغا باغلىنىقلىق بولۇپ، ئۇنىڭدىن تىرناق چاغلىقمۇ تېشىغا چىقمايدۇ.

ئەگەردە بىز ئىشقا ئۇلارنىڭ مەنتىقىسى بىلەن قارايدىغان بولساق، ئۇلار (يەنى ئىماملاردىن كېيىنكى كىشىلەر) ئاچقان ئىجتىھاد مۇتلەق ئىجتىھاد بولىدۇ. ئۇلارنىڭ مەنتىقىسى بولسا ئىماملارنىڭ سۆزلىرىنى سۈننەت قاتارىدىن ھېسابلاش. ھالبۇكى ئۇلارنىڭ نەزەرىدە ئىماملار ئەبۇ ھەنىفە، شافىئىي، مالىك ۋە ئەھمەدتەك باشقا مەزھەبلەرنىڭ ئىماملىرىغا ئوخشىمايدۇ.

ئەمما، بىز ئۇلارنىڭ ئىماملىرىغا خۇددى كۆپچىلىك ئالىملار مەزھەب ئىماملىرىغا قارىغاندەك قارايدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ (يەنى ئىماملاردىن كېيىنكى كىشىلەرنىڭ) ئىجتىھادى مۇتلەق كامىل بولمايدۇ، بەلكى ئۇلارنىڭ ئىجتىھادى ئىماملارنىڭ سۆزلىرىگە ئاساسەن، بولۇپمۇ ئىمام جەئفەر سادىقنىڭ سۆزىگە ئاساسەن ھۆكۈم چىقىرىش بولۇشتىن ئاشمايدۇ. دېمەك، ئۇلارنىڭ ئىجتىھادى بۇنىڭغا بىنائەن پەقەت تەخرىجدۇر. چۈنكى، ئۇلار ئۇسۇلدىمۇ، فۇرۇئدىمۇ ئىماملارغا مۇخالىپ كەلمەيدۇ. دېمەك، ئۇلار بىرىنچى تەبىقىدىمۇ ئەمەس، ئىككىنچى تەبىقىدىمۇ ئەمەس، بەلكىم ئۈچىنچى تەبىقىدە بولۇپ قالار.

2. مۇنتەسىب مۇجتەھىدلەر (الْمُجْتَهِدُوْنَ الْمُنْتَسِبُوْنَ)

[86] بۇ ئىككىنچى تەبىقىدۇر. ئۇلار «مۇنتەسىب مۇجتەھىدلەر» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلار ئەھكام يەكۈنلەش ئۇسۇللىرىغا نىسبەتەن ئىمام (يەنى مەزھەب ئىمامى) بېكىتىپ بەرگەننى تاللىغان، فۇرۇئدا ئىمامغا مۇخالىپ بولغان كىشىلەردۇر، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ فۇرۇئلىرىدا ئومۇمەن ئىمام بىلەن ئوخشاش نەتىجىلەرگە ئېرىشىدۇ. ئۇلار كۆپىنچە ھالدا ئىمام بىلەن سۆھبەتداشلىقى ۋە يېقىنلىقى بولغان كىشىلەردىندۇر. بۇلارنىڭ جۈملىسىدىن: ھەنەفىي مەزھەبىدە يۈسۈف ئىبنى خالىد ئەسسەمتىي، ھىلال، ھەسەن ئىبنى زىياد ئەللۇئلۇئىي قاتارلىقلار؛ شافىئىي مەزھەبىدە مۇزەنىي؛ مالىكىي مەزھەبىدە ئابدۇرراھمان ئىبنى قاسىم، ئىبنى ۋەھب، ئەشھەب، ئىبنى ئابدۇلھەكەم ۋە ئۇلاردىن باشقىلار.

ئىماملارنىڭ دەۋرىگە يانداش بولغان ئاۋۋالقى دەۋرلەردىن ھېچبىر دەۋر مېتودتا (مەزھەبكە) باغلىنىپ، فۇرۇئدا باغلانمايدىغان بۇ سىنىپتىن خالىي قالمىغان. تاھاۋىي، كەرخىي، ئەبۇبەكرى ئەلئەسەم قاتارلىقلار بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر. مەسىلەن، كەرخىي ھەنەفىي مەزھەبىگە مۇخالىپ كېلىپ، نىكاھتا (تويلىشىدىغان ئەر – ئايالنىڭ) باراۋەر بولۇشىنى ئېتىبارغا ئالمىغان. ئەبۇبەكرى ئەلئەسەم «نىكاھتا كىچىك بالىلار ۋەلىي بولالايدۇ» دەپ قاراپ، ھەنەفىي مەزھەبىگە ۋە كۆپچىلىك فۇقەھائغا خىلاپلىق قىلغان. تاھاۋىيمۇ ھەنەفىي ئۇسۇلىغا ئەگىشەتتى ۋە گاھىدا شافىئىي مەزھەبىنىڭ بەزى قاراشلىرىنى تاللايتتى.

خۇلاسە، بۇ تەبىقە مەزھەبنىڭ مېتودىغا باغلىنىپ، فۇرۇئاتتا ئىجتىھاد قىلىدۇ، فۇرۇئاتتا يا ئىمامغا مۇۋاپىق كېلىدۇ، يا مۇخالىپ كېلىدۇ. ئۇلار ئىمام ئىجتىھاد قىلغان ۋە ئىجتىھاد قىلمىغان ھەممە مەسىلىدە ئىجتىھاد قىلىدۇ. بۇلار «مۇنتەسىب مۇجتەھىدلەر» دەپ ئاتالغان. چۈنكى، ئۇلار — گەرچە مەزھەبنىڭ فۇرۇئاتىغا باغلانمىسىمۇ — مۇئەييەن بىر مەزھەبكە مۇنتەسىب(15) (باغلانغان) دۇر.

3. مەزھەب ئىچىدە ئىجتىھاد قىلغۇچى مۇجتەھىدلەر (الْمُجْتَهِدُوْنَ فِى الْمَذْهَبِ)

[87] بۇ ئۈچىنچى تەبىقە بولۇپ، ئۇلار مەزھەب ئىمامىدىن قالغان فۇرۇﺋ ۋە ئۇسۇللاردا ئىمامغا ئەگىشىدۇ، ئىمامنىڭ (ئىجتىھاد ئارقىلىق) يەتكەن خۇلاسىلىرىگە ئەگىشىدۇ، ئۇنىڭغا ئەسلا خىلاپلىق قىلمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئىجتىھادى پەقەت مەزھەب ئىمامىدىن ھېچبىر قاراش كەلمىگەن مەسىلىلەرنىڭ ھۆكۈملىرىنى يەكۈنلەش توغرىسىدا بولىدۇ. بۇلاردىن ھېچبىر دەۋرنىڭ خالىي قېلىشى جائىز ئەمەس. ئۇلار مەزھەبتە ھۆكمى بايان قىلىنىپ بولغان مەسىلىلەردە ئىجتىھاد قىلمايدۇ، قىلسا پەقەت مۇئەييەن بىر دائىرىدە قىلىدۇ. ئۇ دائىرە بولسىمۇ ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئۇنىڭدىكى ئىستىنباتى ئۆرپ – ئادەتكە ئاساسلانغان ياكى دەۋر ئىشلىرىدىن بىرەر ئىشنى كۆزدە تۇتۇشقا ئاساسلانغان بولىدۇ، ھالبۇكى ئۇ ئىش كېيىنكىلەرنىڭ ئۆرپ – ئادىتىدە يوقاپ كەتكەن. ناۋادا ئىلگىرىكىلەر مۇشۇ ھازىرقىلارنىڭ كۆرگىنىنى كۆرسە ئىدى، چوقۇم دېگىنىدىن يېنىۋالغان بولاتتى. ئالىملار بۇ ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار ھەققىدە: «بۇ زاماننىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىندۇر، دەلىل – پاكىتنىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن ئەمەس» دەيدۇ.

گەپنىڭ مېغىزى شۇكى، بۇ تەبىقىدىكى مۇجتەھىدلەرنىڭ ئىجتىھادى ئىككى ئىشقا يىغىنچاقلىنىدۇ:

1. ئىلگىرىكى ئىماملار چىڭ تۇتقان قائىدىلەرنى خۇلاسىلەپ چىقىش، ئىماملار يەكۈنلىگەن قىياس ئىللەتلىرىدىن تۈزۈلىدىغان فىقھىي زابىتەلەرنى جەملەش؛

2. مەزھەبتە بايان قىلىنمىغان ئەھكاملارنى ئىستىنبات قىلىش.

بۇ تەبىقە مەزھەبنىڭ فىقھىسىنى تەھرىرلىگەن، مەزھەبلەرنىڭ يۈكسىلىشى ئۈچۈن ۋە تەخرىج ئۈچۈن ئاساسلارنى ئوتتۇرىغا قويغان تەبىقىدۇر. شۇنداقلا بۇ تەبىقە كۆزقاراشلارنىڭ بەزىسىنى «سەھىھ» ۋە بەزىسىنى «زەئىف» دەپ ئايرىش ئۈچۈن، قاراشلارنى سېلىشتۇرۇش ۋە تەرجىھ قىلىش ئاساسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە ھەر مەزھەبنىڭ فىقھىي گەۋدىسىنى پەرقلەندۈرگەن تەبىقىدۇر.

4. تەرجىھ قىلغۇچى مۇجتەھىدلەر (الْمُجْتَهِدُوْنَ الْمُرَجِّحُوْنَ)

[88] بۇ تۆتىنچى تەبىقىدۇر. بۇلار ئىماملار ئىجتىھاد قىلمىغان ۋە ھۆكمىنى بايان قىلمىغان فۇرۇئلارنىڭ ھۆكۈملىرىنى ئىستىنبات قىلالمايدۇ(16). دېمەك، ئۇلار ھۆكمى بىلىنمىگەن مەسىلىلەرنىڭ ھۆكۈملىرىنى ئىستىنبات قىلمايدۇ، لېكىن يۇقىرىقى تەبىقە (يەنى ئۈچىنچى تەبىقە) ئالىملىرى رەتلەپ بەرگەن تەرجىھ ۋاسىتىلىرى بىلەن رىۋايەت قىلىنغان قاراشلارنى تەرجىھ قىلىدۇ. ئۇلار دەلىل كۈچلۈك بولۇش ياكى زامان ئەھۋالىغا تەتبىقلاشقا ئۇيغۇن بولۇش دېگەندەك سەۋەبلەر بىلەن بەزى قاراشلارنى يەنە بەزىسىگە تەرجىھ قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ قىلغىنى مۇستەقىل ياكى غەيرى مۇستەقىل يېڭى بىر ئىستىنبات دەپ سانالمايدۇ.

بۇ تەبىقە بىلەن ئىلگىرىكىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ئىنچىكىدۇر. بەزى ئۇسۇلۇلفىقھ ئالىملىرى ئۇ ئىككىسىنى بىر تەبىقە دەپ سانىغان. بۇمۇ ھەقىقەتتىن يىراق ئەمەس. چۈنكى، ئۇسۇل – قائىدىلەرنىڭ تەقەززاسى بويىچە كۆزقاراشلارنى تەرجىھ قىلىش ئىماملار بايان قىلمىغان فۇرۇئلارنىڭ ھۆكۈملىرىنى ئىستىنبات قىلىشتىن ۋەزنى جەھەتتە تۆۋەن ئەمەس. ئىمام نەۋەۋىي «ئەلمەجمۇﺋ (الْمَجْمُوعُ)» كىتابىنىڭ مۇقەددىمەسىدە ئىككىسىنى بىر تەبىقە سۈپىتىدە تىلغا ئالغان((17). ئىبنى ئابىدىن «شەرھۇ ئۇقۇدى رەسمىل مۇفتىي (شَرْحُ عقود رَسْمِ الْمُفْتِيْ)»دە ئىككىسىنى ئىككى تەبىقە دەپ سانىغان. ئىمام نەۋەۋىينىڭ سۆزى ئىنچىكىرەكتۇر.

5. دەلىللىگۈچىلەر تەبىقىسى (طَبَقَةُ الْمُسْتَدِلِّيْنَ)

[89] بۇ بەشىنچى تەبىقىدۇر. بۇ تەبىقىدىكى ئالىملار بىر قاراشنى يەنە بىر قاراشقا تەرجىھ قىلمايدۇ، لېكىن قاراشلارنى دەلىللەپ، قاراشلارنىڭ تايانغان دەلىللىرىنى بايان قىلىدۇ، ھۆكۈمنى تەرجىھ قىلماستىن دەلىللەرنى سېلىشتۇرىدۇ. مەسىلەن، ئۇلار: «بۇ ئاۋۇنىڭدىن قىياسقا بەكرەك ئۇيغۇن» دەيدۇ. ئۇلار يەنە رىۋايەتلەرنىمۇ بىر – بىرىگە تەرجىھ قىلىپ: «بۇ گەپ ئاۋۇنىڭدىن سەھىھرەك» دەيدۇ.

بۇ تەبىقە بىلەن ئىلگىرىكىسى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقمۇ تازا روشەن ئەمەس. قىسىملارنىڭ پەرقلىق ۋە ئۆزئارا باغلىنىشلىق بولۇشى ئۈچۈن، ئىبنى ئابىدىن تىلغا ئالغان ئۈچىنچى، تۆتىنچى ۋە بەشىنچى تەبىقىلەردىن ئىبارەت بۇ ئۈچ تەبىقىنىڭ بىرىنى تاشلىۋېتىش ۋە بۇ ئۈچىنى ئىككى تەبىقە دەپ ھېسابلاش كېرەك. ئىككى تەبىقە بولسا:

بىرىنچى: ئاۋۋالقى مەزھەب پېشۋالىرىدىن ئەھكام كەلمىگەن مەسىلىلەرگە ئەھكام چىقىرىدىغان تەخرىج قىلغۇچىلار تەبىقىسى. ئۇلارنىڭ تەخرىج قىلىشى ئۆزلىرىدىن ئىلگىرىكىلەر يەكۈنلىگەن مۇقىم مەزھەب قائىدىلىرىگە بىنائەن بولىدۇ.

ئىككىنچى: رىۋايەتلەرنىڭ كۈچلۈكرەكىنى بايان قىلىش ۋە قاراشلارنىڭ سەھىھرەكىنى ياكى ئۇلارنىڭ سۈننەتكە يېقىنراقىنى، ياكى قىياسقا ئۇيغۇنراقىنى، ياكى ئىنسانلارغا پايدىلىقراقىنى ئايرىپ چىقىش ئۈچۈن، خىلمۇخىل رىۋايەتلەرنى ۋە توقۇنۇشلۇق قاراشلارنى بىر – بىرىگە تەرجىھ قىلىدىغان تەرجىھ قىلغۇچىلار تەبىقىسى.

6. مۇقەللىد تەبىقىلەر (الطَّبَقَاتُ الْمُقَلِّدَةُ)

[90] ئىلگىرىكى تەبىقىلەرنىڭ سانىنىڭ قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەربىر تەبىقە بىر تۈرلۈك ئىجتىھادقا ئىگىدۇر. بىرىنچىسى (ئۇسۇل ۋە فۇرۇﺋ ھەممە جەھەتتىن) تولۇق ۋە كامىل ئىجتھادقا ئىگە، ئىككىنچىسى فۇرۇئدا مۇتلەق ئىجتىھادقا ئىگە، ئەمما ئۇسۇلدا ئىجتىھادقا ئىگە ئەمەس. ئۈچىنچىسى — ئۇنىڭ ئىچىگە تۆتىنچى تەبىقىمۇ كىرىپ كېتىدۇ — ئىللەتلەرنى ۋە ھۆكۈملەرنىڭ سەۋەبلىرىنى چىقىرىشتا ئىجتىھادقا ئىگە. ئاخىرقىسى (يەنى بەشىنچىسى) قاراشلارنى تاللاش ۋە رىۋايەتلەرنى تاللاشتا چەكلىك ئىجتىھادقا ئىگە. بۇ ئەمەلىيەتتە مۇقەللىدتۇر، بىراق ئۇ تەبىقە مەزھەبنىڭ رامكىسىدىن چىقىپ كەتمەي مەزھەبنى تەفسىرلەيدۇ ۋە مەزھەب ھەققىدە ئەقلىي پائالىيەت قىلىدۇ. بىز ئۇنىڭغا تەرجىھ ئارقىلىق ئىجتىھاد قىلىش تۈرىنى مۇئەييەنلەشتۈرسەكمۇ بولىدۇ.

ئەمدى تۆۋەندىكى ئىككى تەبىقىگە كەلسەك، ئۇلار مۇقەللىد بولۇپ، ئۇلارنىڭ توپلاش ۋە يېزىشتىن باشقا فىقھىي ئىجتىھادى يوق. ئۇ ئىككى تەبىقە:

1. ھافىزلار تەبىقىسى (طَبَقَةُ الْحُفَّاظِ)

[91] يۇقىرىدا دېگىنىمىزدەك، بۇ تەبىقە مۇجتەھىدلەر تەبىقىسىدىن ئەمەس، لېكىن ئۇلار مەزھەب ئەھكاملىرىنىڭ ۋە رىۋايەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنى ھىفزى قىلىدۇ. ئۇلار نەقىلدە ھۆججەتتۇر، ئىجتىھادتا ئەمەس. ئۇلار مەزھەبتىكى ئەڭ روشەن رىۋايەتلەرنى ۋە تەرجىھ قىلغاندىكى ئەڭ كۈچلۈك قاراشلارنى نەقىل قىلىشتا ھۆججەتتۇر. ئىبنى ئابىدىن ئۇلار توغرۇلۇق ئېيتىدۇ: «ئۇلار ھەقىقەتەن قاراشلارنىڭ كۈچلۈكرەكىنى، كۈچلۈك ۋە زەئىفىنى، زاھىرى رىۋايەت، زاھىرى مەزھەب ۋە نادىر رىۋايەتلەرنى ئايرىشقا قادىردۇر، مەسىلەن مۆتىۋەر مەتىنلەرنىڭ مۇئەللىفلىرىدەك، يەنە ‹ئەلكەنز (الْكَنْزُ)›، ‹ئەددۇررۇل مۇختار (اَلدُّرُّ الْمُخْتَارُ)›، ‹ئەلۋىقايە (الْوِقَايَةُ)›، ‹ئەلمەجمەﺋ (الْمَجْمَعُ)› قاتارلىقلارنىڭ مۇئەللىفلىرىدەك. ئۇلارنىڭ ئىشى كىتابلىرىدا مەردۇد قاراشلارنى ياكى زەئىف رىۋايەتلەرنى نەقىل قىلماسلىقتۇر. بۇنىڭغا بىنائەن، ئۇلارنىڭ ئىشى تەرجىھ قىلىش بولمايدۇ، لېكىن تەرجىھ قىلىنغاننى بىلىش ۋە تەرجىھ قىلغۇچىلارنىڭ قىلغىنى بويىچە تەرجىھ دەرىجىلىرىنى تەرتىپلەش ئۇلارنىڭ ئىشىدۇر. گاھىدا تەرجىھ قىلغۇچىلارنىڭ تەرجىھىنى تېپىپ چىقىش ئۇلار ئارىسىدا ھۆكۈم قىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ. شۇڭا، ئۇلارنىڭ بەزىسى يەنە بىرى تەرجىھ قىلمىغان قاراشنى تەرجىھ قىلىپ قالىدۇ – دە، تەرجىھ قىلغۇچىلارنىڭ قاراشلىرىدىن تەرجىھ جەھەتتە ئەڭ كۈچلۈك بولغان ۋە مەزھەبنىڭ ئۇسۇل – قائىدىلىرىگە ئەڭ كۆپ تايانغاننى ياكى مەزھەبتە گېپى بەكرەك ھۆججەت بولىدىغان كىشىنىڭ قارىشىنى تاللايدۇ».

بۇلارنىڭ ئىلگىرىكىلەرگە ئوخشاشلا پەتۋا بېرىش ھەققى بار، لېكىن تار دائىرىدە. خەيرۇددىن رەملىي ھەقىقەتەن ئۆزىنىڭ پەتۋالار كىتابىدا ئېيتقانكى: «شەكسىزكى، ئىختىلاپلىق قاراشلارنىڭ كۈچلۈكى بىلەن ئاجىزىنى ۋە ئۇنىڭ ئاجىز – كۈچلۈكلۈكتىكى دەرىجىلىرىنى تونۇش ئىلىم تەھسىل قىلىش ئۈچۈن يەڭ تۈرگەنلەرنىڭ ئاخىرقى مەنزىلىدۇر. ئاللاھنىڭ ھالالىنى ھارام قىلىش ياكى ھارامىنى ھالال قىلىش ئارقىلىق ئاللاھقا يالغان چاپلاپ قېلىش خەۋپى بار بولغانلىقى ئۈچۈن، مۇفتى ۋە قازىنىڭ ئۈستىگە چۈشىدىغىنى ئېنىقلاپ جاۋاب بېرىش، قارىغۇلارچە جاۋاب بەرمەسلىكتۇر»(18).

2. مۇقەللىدلەر (الْمُقَلِّدُوْنَ)

[92] بۇ تەبىقە ئالدىنقىسى بىلەن تەقلىدتە ئورتاق بولسىمۇ، لېكىن ئالدىنقىسىنىڭ ئىلگىرىكىلەرنىڭ تەرجىھ قىلغانلىرىنى بىلىش ۋە گاھىدا ئىلگىرىكىلەرنىڭ دەرىجىلىرىنى تەرتىپكە تىزىش جەھەتتە بىر تۈرلۈك خىزمىتى بار، ئەمما بۇلارغا كەلسەك، ئۇلار پەقەت تەرجىھنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىتابلارنى چۈشىنىشكە ئىگە. ئۇلار قاراشلار ياكى رىۋايەتلەرنىڭ ئارىسىنى تەرجىھ قىلالمايدۇ، ئۇلارنىڭ تەرجىھ قىلىش، تەرجىھ تەبىقىلىرىنى ئايرىش جەھەتتە ئىلمى يوق. ئىبنى ئابىدىن ئۇلارنى مۇنداق دەپ سۈپەتلىگەن: «ئۇلار ئورۇق بىلەن سېمىزنى، ئوڭ بىلەن سولنى ئايرىيالمايدۇ، بەلكى ئۇلار كەچلەردە ئوتۇن تەرگۈچى كەبى تاپقانلىكى نەرسىنى توپلايدۇ، ئۇلارغا ئەگەشكەنلەرنىڭ ھالىغا ۋاي، ھالىغا ۋاي»(19).

ئىبنى ئابىدىن تىلغا ئالغان بۇ سىنىپ ئاخىرقى دەۋرلەردە جىقىيىپ كەتكەن. ئۇلار كىتابلارنىڭ ئىبارىلىرىگە بېرىلىپ، شۇ ئىبارىلەرگىلا ۋە ئۇنىڭدىن بىرنەرسە تېرىشكىلا ئەھمىيەت بېرىدۇ، تەرگەن نەرسىلىرىنىڭ دەلىلىنى ئىزدىمەيدۇ، بەلكى — گەرچە ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئۇچرىغان قاراشنىڭ شەرىئەتتە يوللۇق بىر ئاساسى بولمىسىمۇ، — «مۇشۇنداق بىر قاراش بار» دەپ قويۇش بىلەن كۇپايىلىنىدۇ.

قىلغان ئىشىغا يول ئىزدەيدىغان ھەر خىل تەبىقىلەرگە بۇ تائىپىنىڭ تەسىرى بولغان. بۇلار بىر گەپنى تېپىۋالسا، قىممىتى قانداق بولسۇن، مەزھەبتىكى كۈچى نېمە بولسۇن، روشەن بىر دەلىلى ياكى ئورۇنلۇق بىر تەپەككۇرى بولمىسىمۇ، سورۇنلاردا ھاپىلا – شاپىلا تارقىتىۋېتىدۇ. ۋاي بۇلارنىڭ ھالىغا! ۋاي ئۇلارغا ئەگەشكەنلەرنىڭ ھالىغا! ۋاي ئۇلارنى قوللاپ ئىلھام بېرىدىغانلارنىڭ ھالىغا!

[93] بىز بۇ ماۋزۇدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن، يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەن فۇقەھائنىڭ، بولۇپمۇ ھەنبەلىيلەرنىڭ كامىل ئىجتىھادنىڭ ئىشىكى تاقالمىغانلىقى پىكرىنى تەكىتلەيمىز. ھەنبەلىيلەر ئېيتقان: ھېچبىر دەۋرنىڭ كامىل ئىجتىھاد شەرتلىرىنى ھازىرلىغان مۇجتەھىدتىن خالىي قېلىشى دۇرۇس ئەمەس. چۈنكى، ئۇ ئارقىلىق دىن ساقلاپ قېلىنىدۇ ۋە يالغان توقۇلمىلاردىن ھىمايە قىلىنىدۇ، شۇنداقلا ئۇ ئارقىلىق ھېچبىر توسالغۇسىز ھالەتتە دىننىڭ بىرىنچى مەنبەلىرىگە مۇراجىئەت قىلىپ، ھەر دەۋردە دىننىڭ سۈزۈك ۋە پاك جەۋھىرىنى بايان قىلىش ئىمكانى بولىدۇ. شۇنداقلا ئۇ ئارقىلىق دىننىڭ يولىدىن قايماستىن ۋە دىننىڭ ئەھكاملىرىغا بىرنەرسە قوشماستىن ھەم دىننىڭ سىزىقىدىن چىقماستىن، دىننىڭ ئۇل – ئاساسلىرىنى تەتبىقلاش مۇمكىن بولىدۇ.

ھېچكىمنىڭ ئاللاھ تائالا ئەقىللەر ئۈچۈن ئاچقان بىر ئىشىكنى تاقاش ھەققى يوق. ئەگەر بىرەرى شۇنداق دەپ قالسا، نېمە دەلىلى بار ئىكەن؟ نېمىشقا ئۆزىگە مۇباھ قىلغان نەرسىنى باشقىلارغا ھارام قىلىدۇ؟ ھەقىقەتەن بۇ تاقىۋېتىش كىشىلەرنى كىتاب – سۈننەتتىن ۋە سەلەف سالىھلەرنىڭ ئىش – ئىزلىرىدىن يىراقلاشتۇرۇۋەتتى. ھەتتا تەقلىدتە چەكتىن ئېشىپ كەتكەن بەزى كىشىلەر بىر ئىلمىي مەجلىستىمۇ ئۇيالماستىن: «ئىجتىھادنىڭ ئىشىكى تاقالغاندىن كېيىن، قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسنى تەتقىق قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق» دەيدىغان بولۇپ كەتتى. ‏لا ھەۋلە ۋەلا قۇۋۋەتە ئىللا بىللاھ!

ئىجتىھادنىڭ پارچىلىنىشى

[94] ئىجتىھادنىڭ غەيرى مۇقەييەد ئام بولۇشى لازىممۇ؟ يەنى ئىجتىھاد شەرتلىرىنى ھازىرلىغان كىشىنىڭ بارلىق شەرئىي ئەمەلىي ئەھكاملاردا مۇجتەھىد بولۇشى لازىممۇ؟ (شۇنداق، لازىم!) چۈنكى، ئىجتىھاد فىقھىي بىر دەرىجە بولۇپ، ئۇنىڭغا يەتكەن كىشى ئۇسۇل ۋە مەقسەتلەرنى تولۇق بىلىدۇ، ئىجتىھادى مەلۇم بىر يەرگە چەكلىنىپ قالمايدۇ. چۈنكى، شەرىئەتنىڭ پارچىلىرى تۇتاشتۇر، شەرىئەتنىڭ بىر پارچىسىدىمۇ پەقەت شەرىئەتنى پۈتۈن بىلىدىغان ئادەملا ئىجتىھاد قىلالايدۇ. چۈنكى، شەرىئەت پارچىلىرى زىچ باغلىنىشلىقتۇر. مەسىلەن، مۇئامىلىلەرنى چۈشىنىشكە پەقەت ئىبادەتلەرنى ھەق رەۋىشتە بىلگەن كىشى قادىر بولالايدۇ. چۈنكى، ئىجتىھادنىڭ شەرتلىرى ھازىرلانغاندىن كېيىن، ئىجتىھاد مۇجتەھىدتە فىقھىي قابىلىيەتكە ئايلىنىپ كېتىدۇكى، ئۇ ئارقىلىق مۇجتەھىدنىڭ پىكرى شەرىئەتنىڭ پۈتۈن مەسىلىلىرىگە كىرەلەيدۇ.

فۇقەھائنىڭ كۆپچىلىكى مۇشۇ قاراشنى تۇتقان. ئۇلارنىڭ نەزەرىدە ئىجتىھاد پارچىلانمايدۇ. شۇڭا، «مۇجتەھىدنى نىكاھ ئىشلىرىدا ئىجتىھاد قىلىپ، ئىبادەت ئىشلىرىدا تەقلىد قىلىدۇ ياكى ئىبادەت ئىشلىرىدا ئىجتىھاد قىلىپ، سودا – سېتىق ئىشلىرىدا ياكى نىكاھ ئىشلىرىدا تەقلىد قىلىدۇ» دېگىلى بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ ئىككى زىت نەرسىنى بىر يەرگە جەملىگەنلىكتۇر. چۈنكى، ئىجتىھاد بىلەن تەقلىد بىر شەخستە جەملەشمەيدىغان ئىككى زىت مەنىدۇر. توغرا قىياس مېتودلىرىنى بىلىدىغان، ئەمما ئۇنى ئائىلە ھۆكۈملىرىگە تەتبىقلىيالمايدىغان، بەلكى ئىقتىسادىي مۇئامىلىلەرگە تەتبىقلىيالايدىغان بىر فەقىھنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولامدۇ؟! ئەلبەتتە، ئۇنىڭ بىر بابتىكى دەلىللەرنىڭ ھەممىسىنى بىلىشى يەنە بىر بابتىكى بىلىشىدىن تۆۋەن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، لېكىن بۇنىڭ مەنىسى مۇجتەھىد دەرىجىسىدىن مۇقەللىد دەرىجىسىگە چۈشۈپ قېلىش بولمايدۇ.

[95] بەزى مالىكىيلار ۋە بەزى ھەنبەلىيلەر زاھىرىيلارغا ئوخشاش: «ئىجتىھاد پارچىلىنىدۇ. كىمكى تېمىلاردىن مەلۇم بىر تېمىنىڭ دەلىلىنى بىلسە ۋە ئۇنىڭغا پىششىق بولسا ھەمدە ئەرەب تىلىنىڭ ئۇسلۇبلىرىنى بىلسە ۋە نەسلەرنى چۈشەنسە، ئۇنىڭ مۇشۇ پارچىدا ئىجتىھاد قىلىشى دۇرۇستۇر. بۇ مۇقەررەر ئۇسۇللاردىن ھېچبىرىگە زىت كەلمەيدۇ» دېگەن.

«ئۇنداق بولغاندا، ئۇ بىرلا ۋاقىتتا مۇقەللىد ۋە مۇجتەھىد بولۇپ قالمامدۇ؟» دەپ ئېتىراز بىلدۈرۈشنىڭ ئورنى يوق. چۈنكى، ئۇ بىلىدىغان دەلىللەردە مۇجتەھىدتۇر، دەلىللىرىنى بىلمەيدىغان تېمىلاردا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان ھالدا باشقا بىرىنىڭ رايىنى تۇتىدۇ.

ئىجتىھادنىڭ پارچىلىنىشىنى دۇرۇس سانىغانلارغا كۆرە، مۇجتەھىدنىڭ مەلۇم بىر پارچىدا بولسىمۇ ئىجتىھاد ۋاسىتىلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىلىشى ۋە ئۇنىڭدا ئىجتىھاد سالاھىيىتى بولۇشى كېرەك. لېكىن، ئۇ بەزى تېمىلارنىڭ دەلىللىرىنى بىلىدىغان، باشقا تېمىلاردا دەلىلنى بىلمەيدىغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇ دەلىلىنى بىلگەن ئىشتا پەتۋا بېرىدۇ. باشقا سالاھىيەتلىرى بار بولسىمۇ، دەلىلىنى بىلمىگەن ئىشتا تاكى دەلىلىنى بىلگەنگە قەدەر سۈكۈت قىلىدۇ. كۆپلىگەن ئىماملار دەلىلنى بىلمىسە، ئەنە شۇنداق «بىلمەيمەن» دەپ جاۋاب بېرەتتى. مانا مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ 36 مەسىلىدە «بىلمەيمەن» دەپ جاۋاب بەرگەن. ئۇ دەلىلىنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن شۇنداق دېگەن ۋە ئۇنىڭدىن ئىماملىق سۈپىتى يوقاپ كەتمىگەن. بەلكى ئۇ يەنىلا ھەقىقەتەن دارۇلھىجرەتنىڭ ئىمامىدۇر.

پەتۋا بېرىش

[96] پەتۋا بېرىش ئىجتىھاد قىلىشتىن خاسراق بىر ئىشتۇر. چۈنكى، ئىجتىھاد دېمەك، خۇددى ئىمام ئەبۇ ھەنىفە دەرسلىرىدە قىلغاندەك مەيلى ئۇ توغرۇلۇق سوئال سورالسۇن ياكى سورالمىسۇن، شەرىئەت مەنبەلىرىدىن فىقھىي ئەھكام ئالماقتۇر. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە دەرس ئۆتكەنلىرىدە ھەر خىل فۇرۇئاتلارنى چىقىراتتى ۋە كۆپلىگەن پەرەزلەرنى ئوتتۇرىغا قوياتتى.

پەتۋا بېرىشكە كەلسەك، پەتۋا يۈز بەرگەن ياكى يۈز بېرىش ئالدىدىكى بىر ۋەقەنىڭ ھۆكمى توغرۇلۇق سورالغاندا ۋە شۇ ۋەقەنىڭ ھۆكمىنى بىلگەندە ئاندىن بېرىلىدۇ.

بىر مۇجتەھىدتىن چىقىدىغان توغرا پەتۋا ئىجتىھاد شەرتلىرىنى تەقەززا قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە باشقا شەرتلەرنىمۇ تەقەززا قىلىدۇ. ئۇ شەرتلەر بولسىمۇ پەتۋا سورىلىۋاتقان ۋەقەنى بىلىش، پەتۋا سورىغۇچىنىڭ ۋە ئۇ ياشاۋاتقان جامائەتنىڭ ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىش. شۇنداق قىلغاندا، مۇفتى ۋەقەنىڭ قانچىلىك سەلبىي ۋە ئىجابىي تەسىرى بارلىقىنى بىلەلەيدۇ ھەمدە ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ ئويۇنچۇق ۋە زاڭلىق ئوبيېكتى بولۇپ قېلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ، شۇنداقلا پەتۋانىڭ بەزى كىشىلەرنىڭ ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ھارام قىلغاننى ھالال قىلىشىغا ۋاسىتە بولۇپ قېلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

شۇڭا، ئالىملار مۇفتىنىڭ شەرتلىرىنى قاتتىق چىڭ قىلغان. ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلدىن رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئۇ مۇفتىنىڭ شەرتلىرى ھەققىدە ئېيتقانكى: «كىشىدە مۇنداق بەش خىسلەت تېپىلمىغۇچە، پەتۋا بېرىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىشى توغرا ئەمەس:

1. نىيىتى خالىس بولۇش؛ ئەگەر نىيىتى خالىس بولمىسا، ئۇنىڭدا نۇر بولمايدۇ ۋە سۆزىدىمۇ نۇر بولمايدۇ.

2. ئالىم، ھەلىم، تەمكىن ۋە سالماق بولۇش؛

3. قىلماقچى بولغان ئىشىدا ۋە ئۇنى بىلىشتە كۈچلۈك بولۇش؛

4. (باشقىلارغا تايىنىپ قالمايدىغان دەرىجىدە) يېتەرلىك رىزقى بولۇش. ئۇنداق بولمايدىكەن، خەقلەر ئۇنى چايناپ تاشلىۋېتىدۇ.

5. ئادەملەرنى تونۇش».

بۇنىڭدىن كۆرۈۋالالايمىزكى، ئىمام ئەھمەدنىڭ قارىشىچە، مۇفتى پەتۋا سورىغۇچىنىڭ پىسخىكىسىنى كۆزىتىشى لازىم، شۇنىڭدەك يەنە مۇفتى كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە گۈزەل سالاپەتكە ئىگە بولۇشى لازىم، شۇنىڭدەك يەنە مۇفتىنىڭ ئۆزى بەرگەن پەتۋانىڭ كىشىلەر ئارىسىغا تارقالغاندىن كېيىنكى تەسىرىنى ئاڭقىرالايدىغان ئۆتكۈر ئەقلى بولۇشى لازىم. ئەگەر پەتۋانى يامان تەسىر بېرىپ قويىدۇ دەپ قارىسا، پەتۋادىن ئۆزىنى تارتىدۇ، ئەگەر ياخشى دەپ قارىسا، پەتۋانى دەيدۇ.

مۇفتى ئۆزىنىڭ توغرا يولغا باشلىغۇچى ۋە يېتەكچى ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ پەتۋاسىنىڭ كىشىلەرنى ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن بىر قورال ئىكەنلىكىنى بىلىشى كېرەك. بۇ ھەقتە ئىمام شاتىبىي: «ئىجتىھاد پەللىسىگە يەتكەن مۇفتى كىشىلەرنى كۆپچىلىك خەلقكە لايىق كېلىدىغان ئوتتۇراھال يولغا ئۈندەيدۇ. كىشىلەرنى قاتتىقچىلىق مەزھەبىگە باشلىمايدۇ ۋە بوشاڭلىق تەرەپكىمۇ باشلىمايدۇ» دېگەن.

شاتىبىي (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!) نىڭ دېيىشىچە، ئىككى تەرەپنىڭ قايسى بىرىگە يۈزلىنىش ئادالەت دائىرىسىدىن چىقىپ، زۇلۇم تەرەپكە بۇرۇلغانلىقتۇر. قاتتىقچىلىق تەرەپ ھالاكەتكە باشلايدۇ، بوشاڭلىق تەرەپ ئىسلامنىڭ تۇتقىلىرىنى بوشىتىۋېتىشكە ئېلىپ بارىدۇ.

[97] مۇفتى «‹ئەزىيمە›لەرنى تۇتۇش — ئەزىيمە دېگىنىمىز مەسىلەن رامازاندا روزا تۇتۇشقا ئوخشاش شەرىئەتتە يولغا قويۇلغان ئەسلىي ھۆكۈملەردۇر — قىيىنچىلىق ۋە تارچىلىققا ئېلىپ بارىدۇ» دەپ قارىسا، رامازاندا روزا تۇتماسلىقنىڭ مۇباھ قىلىنىشىدەك ۋە زۆرۈرىيەتلەر، ھاجەتلەر ئالدىدا چەكلەنگەن ئىشلارنىڭ مۇباھ قىلىنىشىدەك، ئاللاھ بەندىلىرىگە قولايلاشتۇرۇپ بەرگەن رۇخسەتلەرنىڭ ئىشىكى مۇفتىنىڭ ئالدىدا ئوچۇق بولۇپ، ئۇ ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ھالىنى ئوڭشىسا بولىدۇ. ئاللاھ ئۆزىنىڭ «ئەزىيمە»لىرىنىڭ ئىجرا بولۇشىنى ياخشى كۆرگەندەك، رۇخسەتلىرىنىڭمۇ ئىجرا بولۇشىنى ياخشى كۆرىدۇ. «ئەزىيمە» قىيىنچىلىققا ئېلىپ بارىدىغان ھالەتتە، ئاللاھقا «ئەزىيمە»دىن رۇخسەت سۆيۈملۈكرەكتۇر. چۈنكى، ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە ئاسانلىقنى خاھلايدۇ، تەسلىكنى خاھلىمايدۇ.

[98] مۇفتى ئىجتىھاد شەرتلىرىنى ھازىرلىماي، ئىجتىھاد پەللىسىگە يەتمىگەن بولسا، گويا ساھابەلەرنىڭ ئىختىلاپى تارچىلىقنى توسۇشنىڭ سەۋەبى بولغاندەك، (پەتۋا بەرگەندە) مەزھەبلەرنىڭ قاراشلىرىدىن كىشىلەرگە ئەڭ قولاي بولىدىغىنىنى تاللىسا بولامدۇ؟ يەنى ئۇلارنىڭ قاراشلىرىدىن ئۆزى ئەڭ قولاي دەپ قارىغىنىنى تاللىسا بولامدۇ؟

شەكسىزكى، مۇفتىنىڭ مەلۇم مىقداردا ئىجتىھادى بولسا دەلىللەرنى ئايرىيالايدۇ ۋە دەلىللەش ئاساسىدا مەزھەبلەردىن قاراشلارنى تاللىيالايدۇ. شۇنداق بولغاندا، مۇفتى پەتۋاسىدا ئەڭ مۇناسىپ دەپ قارىغىنىنى تاللىسا بولىدۇ، لېكىن ئۆزىنى مۇنداق ئۈچ شەرتكە باغلىشى لازىمدۇر:

بىرىنچىسى: باشقا قاراشلارنىڭ دەلىللىرىنى كۆرسە، يېنىۋالغۇدەك دەرىجىدىكى دەلىلى پۇچەك بىر قاراشنى تاللىماسلىق؛

ئىككىنچىسى: تاللىغان قاراش كىشىلەرگە پايدىلىق ۋە كىشىلەرنى ئوتتۇراھال يولغا باشلايدىغان بولۇشى، كىشىلەرنى قاتتىقچىلىق تەرەپكە ياكى بوشاڭلىق تەرەپكە يېتەكلىمەسلىكى؛

ئۈچىنچىسى: تاللىشىدا مەقسىتى دۇرۇس بولۇشى، بىرەر ھاكىمنى رازى قىلىش ئۈچۈن ياكى كىشىلەرنىڭ ھاۋايى – ھەۋىسى ئۈچۈن تاللىماسلىقى، ئاللاھنىڭ غەزىپى ۋە رىزاسىغا كۆز يۇمۇۋالماسلىقى ۋە پەتۋا بېرىشتىن بۇرۇن ھاكىمنىڭ مەقسەتلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقىدىغان ناكەس مۇفتىلاردەك بولماسلىقى. چۈنكى، بۇ خىل مۇفتىلار ھەق ئۈچۈن ئەمەس، ھاكىملار ئۈچۈن پەتۋا بېرىدۇ. بەزى مۇفتىلار باركى، ھاكىمغا ۋە ئۇنىڭ نەفسىگە كەڭ يوللارنى ئىزدەيدۇ، كىشىلەرگە بولسا قاتتىق چىڭ يوللارنى ئىزدەيدۇ. ئاندىن ھاكىمغا مەزھەبلەردىكى ئەڭ ئاسان قاراشلارنى تاللايدۇ، باشقىلارغا گەرچە غايەت قىيىن بولسىمۇ ئۆزى ئەگىشىۋاتقان مەزھەبنىڭ قاراشلىرىنى تاللايدۇ.

ئىمام شاتىبىي كىتابى «ئەلمۇۋافەقات (الموافقات)»تا ئەندەلۇستا پەتۋا بەرگەن بىر فەقىھنىڭ قىسسەسىنى ھېكايە قىلىدۇ. بۇ فەقىھ تەنقىدلىنىشكە تېگىشلىك بىر ئىشلار سەۋەبلىك پەتۋا بېرىشتىن چەكلەنگەن ئىكەن. ئۇ داۋاملىق پەتۋادىن مەنئى قىلىنىپتۇ. ئاخىرىدا بىر ۋەقە يۈز بېرىپ، بۇ ۋەقەدە ئۇ ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ئەمەس، ھاكىمنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن بىر پەتۋا بېرىپتۇ.

بۇ پەتۋانىڭ خۇلاسىسى مۇنداق: «ئەندەلۇس ئەمىرى ناسىرنىڭ قەسرىنىڭ يېنىدا بىر ۋەقف يەر بار ئىكەن. ئەمىر قەسرىدىن چىقىپ ۋەقفكە قارىغىنىدا، (سەت بولغاچقا) ۋەقفنىڭ كۆرۈنۈشىدىن بىئارام بولىدىكەن. چۈنكى، ۋەقف ئۇنىڭ سەيلە قىلىدىغان سەيلىگاھىنىڭ ئۇدۇلىدا ئىكەن. ئەمىر ۋەقفنىڭ بەدىلىگە بىرنەرسە بېرىپ، ئۇنى سەيلىگاھقا قوشۇۋېتىشنى ئويلاپتۇ ۋە مۇفتىلارنىڭ، ئالىملارنىڭ چوڭى بەقىي ئىبنى مەخلەدكە ئادەم ئەۋەتىپتۇ. بەقىي ئالىملارنىڭ بىر پىكىرگە كېلىشى ئۈچۈن ئۇلارنى توپلاپتۇ. ئالىملار ۋەقفنى سېتىشنىڭ چەكلىنىدىغانلىقىغا بىرلىككە كېلىپتۇ. ھالبۇكى بۇ ئىمام مالىكنىڭ مەزھەبىدۇر. شۇنىسى ئاشكارىكى، ئۇلار كۆڭۈللىرىگە يەنە بىر ئىشنى پۈككەن ئىدى، ئۇ بولسىمۇ ئەمىرنىڭ نەفسىنى سۇندۇرۇش ۋە ئۇنى ھەۋەسلىرىدىن ياندۇرۇش. ئۇلار پەتۋالىرىنى ئېلان قىلغىنىدىن كېيىن، ئەمىر پەتۋادىن مالاللىق ھېس قىلىپتۇ. ھېلىقى پەتۋا بېرىشتىن چەكلەنگەن فەقىھ — ئۇنىڭ ئىسمى مۇھەممەد ئىبنى يەھيا ئىبنى لۇبابە — ئەھۋالنى ئۇقۇپ، ۋەقفنى سېتىپ ئالماشتۇرۇشنى دۇرۇس سانايدىغان ھەنەفىي مەزھەبىنى تۇتۇپ ئەمىرنىڭ ئىستىگىنىنى مۇباھ قىلىپ بېرىش ئۈچۈن، ئەمىرگە ئادەم ئەۋەتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەمىر بۇ فەقىھنى ئالىملار بىلەن بىر يەرگە توپلاپتۇ ۋە ئۇلار ئارىسىدا كېڭەش ئۆتكۈزۈلۈپتۇ. فۇقەھائ‍ ئۆزلىرىنىڭ قارىشىدا چىڭ تۇرۇشۇپتۇ. ھاكىم ئۈچۈن كەڭ يول تاپقان ھېلىقى فەقىھ ئالىملارغا خىتاب قىلىپ:

— سىلەردىن ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ نامى بىلەن سورايمەن، سىلەرنىڭ بېشىڭلارغا بىر ئىش كەلگەندە، ئەجەبا، سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ ھەققىدە ئىمام مالىكتىن باشقا كىشىنىڭ قارىشىنى تۇتمىدىڭلارمۇ ۋە ئۆزۈڭلارغا رۇخسەت قىلمىدىڭلارمۇ؟ — دەپتۇ. ئۇلار:

— ھەئە، شۇنداق قىلدۇق، — دېگەندىن كېيىن، ئۇ:

— مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى ئۇنىڭغا تېخىمۇ لايىقتۇر، ئۆزۈڭلارغا بەرگەن رۇخسەتنى ئۇنىڭغىمۇ بېرىڭلار، ئۇنىڭغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئالىملارنىڭ قارىشىنى تۇتۇڭلار. ئالىملارنىڭ ھەممىسى ئۈلگىمىزدۇر، — دەپتىكەن، ھەممىسى سۈكۈت قىلىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن قازى بولغان ئىشلارنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئەمىرگە ئادەم ئەۋەتىپتۇ. ئەمىر ئاشۇ فەقىھنىڭ پەتۋاسىنى تۇتۇپتۇ ۋە ۋەقفنىڭ بەدىلىگە قاتمۇقات نەرسە بېرىپتۇ»(20).

[99] ئۇنداقتا، مەزھەبلەردىن كۆزقاراشلارنى تاللاپ پەتۋا بېرىدىغان كىشى نىيىتى ياخشى بولۇشى بىلەن بىرگە، تۆۋەندىكى ئىشلارغا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك:

بىرىنچى ئىش: كۆزقاراشقا دەلىل بىلەن ئەگىشىش، مەزھەبلەردىن دەلىلى ئەڭ ئاجىز كۆزقاراشنى تاللىماسلىق، بەلكى ئەڭ كۈچلۈكىنى تاللاش، شاز پەتۋالارغا ئەگەشمەسلىك، كۆزقارىشىنى تاللىماقچى بولغان مەزھەبنىڭ مېتودلىرىنى بىلىدىغان بولۇش؛ بۇ ئىشلار پەتۋا بېرىدىغان كىشىنىڭ ئىجتىھاد دەرىجىلىرىدىن قايسىدا بولسا بىر دەرىجىدە مۇجتەھىد بولۇشىنى، تەقلىد دەرىجىسىگە چۈشۈپ قالماسلىقىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىمام ئىبنى تەيمىييەمۇ (مەزھەبلەر ئارا) تاللاشلىرىدا مۇشۇ خىلدىندۇر. بۇنداق ئىجتىھادىي قۇدرەتكە ئىگە بولمىغان مۇفتىنىڭ ئۆزى بىلىدىغان مەزھەبى بىلەن كۇپايىلىنىشى ئەۋزەلدۇر.

ئىككىنچى ئىش: ئىجتىھادىدا بىرلىككە كېلىنگەن قاراشنى تاشلاپ ئىختىلاپلىق قاراشقا كەتمەسلىكى؛ مەسىلەن، ئۇنىڭدىن خوتۇن كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ نىكاھ ئەقدەسىگە ئۆزى ئىگە بولۇشى ھەققىدە سوئال سورالسا، كۆپچىلىك ئالىملاردىن باشقىچە قاراشتىكى ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ قارىشى بىلەن پەتۋا بەرمەي، كۆپچىلىكنىڭ قارىشى بىلەن پەتۋا بېرىدۇ. چۈنكى، مۇشۇنداق پەتۋا بەرگەندە، نىكاھ ئەقدەسى فۇقەھائنىڭ ئىجمائسى بىلەن سەھىھ بولىدۇ. ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ قارىشىنىمۇ بايان قىلىپ، تاللاشنى پەتۋا سورىغۇچىغا تاشلاپ قويسىمۇ ھېچ زىيىنى يوق. لېكىن، مەسىلىنىڭ ھالال – ھارام توغرىسىدىكى نازۇك مەسىلە ئىكەنلىكى ۋە بۇنداق مەسىلىدە ئېھتىيات يولىنى تۇتۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى ئېتىبارى بىلەن ئۆزىنىڭ كۆپچىلىكنىڭ قارىشىنى تاللىغانلىقى سەۋەبىنى دەپ قويىدۇ.

ئەگەر مەسىلە ئىختىلاپىي مەسىلە بولسا، شەرىئەت ئۈچۈنمۇ ئېھتىيات يولىنى تۇتىدۇ ۋە پەتۋا سورىغۇچى ئۈچۈنمۇ ئېھتىيات يولىنى تۇتىدۇ، ئەمما شەرىئەتنىڭ سىزىقىدىن چىقىپ كەتمەيدۇ. مەسىلەن، بىر ئەر ئۆزىنىڭ ئانىسىنى بىرلا شوراش بىلەن بىر قېتىم ئېمىپ قويغان ئايالغا ئۆيلەنمەكچى بولۇپ، ئۇنىڭدىن پەتۋا سورىسا، بىر شوراپ ئازراق ئەمگەننىمۇ ھارام سانايدىغان ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ۋە ئىمام مالىكنىڭ مەزھەبى بويىچە پەتۋا بېرىدۇ. ئەگەر سورىغۇچى پاتقاققا پېتىپ، ئارىسىدا بەش قېتىملىق ئېمىشكە يەتمەيدىغان ئېمىلداشلىق بار ئايالغا ئۆيلەنگەن ۋە ئەھۋالنى بالىلىق بولغاندىن كېيىن ئۇققان بولسا، مۇفتى بالىلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئېھتىياتلىق يولنى تۇتۇپ، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ مەزھەبىنى تاللىغان ھالدا، «ھالال» دەپ پەتۋا بەرسە بولىدۇ. لېكىن، بۇنىڭ شەرتى، ئۇنىڭ ئالدىدا دەلىللەر تەڭلىشىپ قالغان ۋە شۇ ماۋزۇدا كەسكىن بىر دەلىلنى كۆرمىگەن بولۇشى لازىم.

ئۈچىنچى ئىش: خەقنىڭ ھاۋايى – ھەۋەسلىرىگە ئەگەشمەسلىك، بەلكى مەسلەھە ۋە دەلىلگە ئەگىشىش. بۇ يەردە ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان مەسلەھە ئومۇمىي مەسلەھەدۇر ۋە ھالال – ھارام ئارىسىدا پەتۋانىڭ ئېلىپ كېلىدىغان نەتىجىسىدۇر. ئەمىرگە ماسلىشىش ئۈچۈن، ۋەقفنى سېتىشنى دۇرۇس سانايدىغان ھەنەفىي قاراشنى تاللىغان ۋە مەنزىرىسى چىرايلىق بولمىغان ۋەخپىنى كۆرۈشنى ئەمىرنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىرچىلىق دەپ قارىغان ھېلىقى فەقىھنىڭ ئەسلىدە ئەمىرنىڭ قىزىقىشىغا بۇنداق يۇقىرى چەكتە ماسلىشىشنىڭ ئورنىغا، ئەمىرگە ۋەقفنى ئوڭشاپ مەنزىرىسىنى چىرايلىق قىلىش مەسلىھەتىنى بېرىشى لايىق ئىدى.

[100] ئالىملار: «مۇفتىنىڭ ئۆزى بەرگەن پەتۋاغا ئۆزىنىڭ ئەمەل قىلىشى ۋاجىب» دەپ ئىجماﺋ قىلغان. ئەگەر كىشىلەرگە رۇخسەت قىلمىغان ئىشلارنى ئۆزىگە رۇخسەت قىلىدىغان بولسا، ئۇنىڭدىن ئادالەت يوقىلىدۇ. ئەمما، بۇ رۇخسەت قىلىش شەخسىي بىر ھاجەت سەۋەبلىك بولسا ۋە ئەگەر شۇ ئىش باشقا ئادەمدىمۇ بار بولغان تەقدىردە، ئۇنىڭغىمۇ ئۆزىگە رۇخسەت قىلغاننى رۇخسەت قىلىپ پەتۋا بېرىدىغان بولسا، ئۇ ھالدا ئادالىتى يوقالمايدۇ.

پەتۋا بەرگۈچى تەمكىن بولۇشى، ئالدىراقسانلىق قىلماسلىقى، ئىش ھەققىدە ۋە پەتۋانىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان نەتىجىلىرى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىشى لازىم. ئەگەر ھەقىقەتنى ئېنىقلىيالمىغان بولسا، ئىش جىددىي بولۇپ كېچىكتۈرسە بولمايدىغان ھالەتتىمۇ، جاۋابقا ئالدىرىماي تەمكىن بولۇشى ئەيىب ئەمەستۇر.

دارۇلھىجرەتنىڭ ئىمامى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەتۋا بېرىشتە ناھايىتى تەمكىن ئىدى. ھەتتا ئۇ مەلۇم بىر مەسىلىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن بىرقانچە كۈننى ئۆتكۈزۈۋېتەتتى. بۇ ھەقتە ئۇ ئېيتقانكى: «گاھىدا زېھنىمگە بىر مەسىلە كېلىۋېلىپ، مېنى يېمەك – ئىچمەك ۋە ئۇيقۇدىن توسۇپ قويىدۇ». ئۇنىڭغا:

— ئەي ئەبۇ ئابدۇللاھ! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سېنىڭ كىشىلەرگە قىلغان سۆزلىرىڭ گويا تاشقا نەقىش ئويغاندەكتۇر. سەن نېمە دېسەڭ قوبۇل قىلىدۇ، — دېيىلىۋېدى، ئۇ:

— مۇشۇنداق بولۇشقا پەقەت مۇشۇنداق بولغان كىشىلەر ھەقلىقتۇر، — دېدى. يەنى كىشىلەر ئۇنىڭ (پەتۋا ۋە تەتقىقاتتىكى) تەمكىنلىكىنى، قارىغۇلارچە ئىش قىلمايدىغانلىقىنى كۆرگەچكە، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئالقىش بىلەن قوبۇل قىلغان.

ئەمەلىيەتتە، ئىشەنچلىك مۇفتى دېگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىشى ھېسابلىنىدىغان بىر ئىشنى ئورۇنلىغۇچىدۇر. چۈنكى، پەيغەمبەرلەر نېمىنىڭ ھالال، نېمىنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى بايان قىلاتتى. مۇفتىمۇ كىشىلەرگە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ شەرىئىتىنى بايان قىلىدۇ. دېمەك، ئۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئورنىدا ئولتۇرغۇچىدۇر، ئاۋام – خەلقكە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ شەرىئىتىنى بايان قىلىشتا ئۇنىڭ ۋارىسىدۇر. شۇڭا، ئىشەنچلىك مۇفتى ھاۋايى – ھەۋىسىگە ئورۇن بەرمەيدۇ، ئۆتۈشكە بولمايدىغان يەردە توختايدۇ، ھەقنى بىلسە ئوچۇق سۆزلەيدۇ، ئاللاھ ئۈچۈن مالامەتچىنىڭ مالامىتىدىن قورقمايدۇ.

ئى ئاللاھ! بىزنى تېيىلىپ كېتىشتىن ساقلىغىن، بىزنى سۆزنى ئاڭلاپ سۆزنىڭ ئەڭ ياخشىسىغا ئەگىشىدىغانلاردىن قىلغىن. ئى ئالەملەرنىڭ رەببى! ھەقىقەتەن سەن دۇئالارنى ئىشىتكۈچىدۇرسەن.

 

ئىسلام مەزھەبلىرى تارىخى/ تاريخ المذاهب الإسلامية؛ ئىمام مۇھەممەد ئەبۇ زەھرە؛ مۇھەممەد قاۋۇل قاراخانىي تەرجىمىسى؛ ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى


1. غەززالىي: «ئەلمۇستەسفا فى ئىلمىل ئۇسۇل»، 2/870.
2. پەسىھ: سۆزلەش سەنئىتى يۇقىرى، سۆزگە ئۇستا، سۆزمەن، ناتىق. قاراڭ: تىل – يېزىق خىزمىتى كومىتېتى: «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، 1/692. خەلق نەشرىياتى، م. 1990.
3. شاتىبىي: «ئەلمۇۋافەقات (الموافقات)»، 4/114، تىجارىييە ئەلكۇبرا كۇتۇبخانىسى، مىسىر.
4. ئىسنەۋىي: «نىھايەتۇسسۇل (نِهَايَةُ السُّولِ شرح ِمِنْهَاجِ الْأُصُوْلِ)»، 398 – بەت، دارۇل كۇتۇبىل ئىلمىييە، بېيرۇت.
5. قەۋلىي سۈننەت (اَلسُّنَّةُ الْقَوْلِيَّةُ): پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۆزلىرىدىن ئىبارەتتۇر. پېئىلىي سۈننەت (اَلسُّنَّةُ الْفِعْلِيَّةُ): پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىش – ھەرىكەتلىرىدىن ئىبارەتتۇر. تەقرىرىي سۈننەت (اَلسُّنَّةُ التَّقريريَّةُ): پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھۇزۇرىدا ياكى ئۇ زاتنىڭ خەۋىرى بار ھالەتتە، ساھابەلەر بىر ئىشنى قىلسا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۇ ئىشقا سۈكۈت قىلىشى ۋە ئىپادە بىلدۈرمەسلىكىدۇر. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 25/266.
6. شارىھ: شەرھلىگۈچى، ئىزاھلىغۇچى. قاراڭ: خەمىت تۆمۈر، ئابدۇررەئۇپ پولات: «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، 396 – بەت.
7. ئىمام شافىئىي: «ئەررىسالە»، 510 – بەت.
8. ئىسنەۋىي: «نىھايەتۇسسۇل»، 398 – بەت.
9. بۇرھان (الْبُرْهَانُ ج الْبَرَاهِينُ): ئەرەبچىدە «روشەن، كەسكىن ھۆججەت ۋە پاكىت» مەنىسىدىكى سۆز بولۇپ، مەنتىق (لوگىكا) ئىلمىدە: «زېھىن ئېنىق ھۆكۈملۈك جۈملىدىن نائېنىق ھۆكۈملۈك جۈملىگە يۆتكىلىدىغان دەلىللەش»تىن ئىبارەت؛ «زېھىن قارشى تەرەپ ئىنكار قىلمايدىغان ھۆكۈملۈك جۈملىدىن ئۇنىڭدىن كېلىپ چىقىشىدىن قاچقىلى بولمايدىغان يەنە بىر ھۆكۈملۈك جۈملىگە يۆتكىلىدىغان دەلىللەش»تىن ئىبارەت دەپمۇ تەرىپلەنگەن. دېمەك، بۇرھان يەقىينىييات (چىنپۈتۈلىدىغان شەكسىز ھەقىقەتلەر) تىن تۈزۈلگەن قىياس بولۇپ، بۇرھان قارشى تەرەپنىڭ ھۆججەت، پاكىتلىرىنى ئاغدۇرۇپ تاشلايدىغان كەسكىن ھۆججەتتۇر. ئۇ ئىننىي بۇرھان (بُرْهَانٌ إِنِّي)، لىممىي بۇرھان (بُرْهَانٌ لِمِّيٌّ) … قاتارلىق بىرقانچە تۈرگە ئايرىلىدۇ. ئىننىي بۇرھان (بُرْهَانٌ إِنِّي): ئىننىي مەۋجۇدلۇق مەنىسىدە بولۇپ، دەلىللەشتە بىرنەرسىنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى ئۇنىڭ مەۋجۇدلۇقىنىڭ ئىللىتىنى بايان قىلماستىن دەلىللەيدىغان بۇرھاندۇر. مەسىلەن، كۈندۈزنىڭ بارلىقى بىلەن قۇياشنىڭ چىققانلىقىنى دەلىللەش. مەلۇمكى، قۇياشنىڭ چىقىشى كۈندۈزنىڭ مەۋجۇدلۇقىنىڭ ئىللىتىدۇر. لېكىن قۇياشنى كۆرمىگەن تەقدىردىمۇ كۈندۈز ۋۇجۇدقا چىققان بولسا، قۇياشنىڭ چىققانلىقى دەلىللىنىدۇ. يارالغۇچىنىڭ مەۋجۇدلۇقى بىلەن ياراتقۇچى (خالىق) نىڭ مەۋجۇدلۇقىنى دەلىللەشمۇ شۇنداق. لىممىي بۇرھان (بُرْهَانٌ لِمِّيٌّ): لىممىي نىچۈن مەنىسىدە بولۇپ، دەلىللەشتە ئىللەتنى بىلىشتىن مەئلۇلنى بىلىشكە يۆتكىلىدىغان بۇرھاندۇر. مەسىلەن، قۇياشنىڭ چىققانلىقى بىلەن كۈندۈزنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى دەلىللەش، ياراتقۇچىنىڭ مەۋجۇدلۇقى بىلەن يارالغۇچىنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى دەلىللەش. بۇ ئەڭ كۈچلۈك بۇرھاندۇر. قاراڭ: «ئەرەب تىلى كومىتېتى»: «ئەلمۇئجەمۇل ۋەسىت»، 1/53؛ جۇرجانىي: «ئەتتەئرىفات»، 64 – بەت؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 280 – بەت.
10. ئىسنەۋىي: «نىھايەتۇسسۇل»، 398 – بەت.

11. ئىبنى ئابىدىن: «شەرھۇ ئۇقۇدى رەسمىل مۇفتىي (شَرْحُ عقود رَسْمِ الْمُفْتِيْ)»، 10 – بەت. مەكتەبەتۇلبۇشرا، كاراچى.
12. ئەبۇ داۋۇد (4291)؛ تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، (1118). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەتى.
13. ئىبنۇلقەييىم: «ئىئلامۇل مۇۋەققىئىن»، 4/163.
14. ئىبنى ھەمدان: «پەتۋا، مۇفتىي ۋە پەتۋا سورىغۇچىلارنىڭ سۈپەتلىرى (صِفَةُ الْفَتْوَى وَالْمُفْتِيْ وَالْمُسْتَفْتِيْ)»، 156 – بەت. 1 – باسمىسى، دارۇسسۇمەيئىي، رىياد، ھ. 1436 / م. 2015.
15. مۇنتەسىب: باغلىنىشلىق، ئالاقىدار، مۇناسىۋىتى بار. قاراڭ: خەمىت تۆمۈر، ئابدۇررەئۇپ پولات: «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، 616 – بەت.
16. كىتابنىڭ ئەسلىدە «يستنبطون (ئىستىنبات قىلىدۇ)» دەپ مۇسبەت كەلگەن. توغرىسى مەنفىيدۇر.
17. نەۋەۋىي: «ئەلمۇھەززەبنىڭ شەرھى ئەلمەجمۇﺋ (المجموع شرح المهذب)»، 1/65، 66، تىبائە مۇنىيرىييە، مەتبەئەتۇتتەزامۇن ئەلئەخەۋىييە، قاهىرە.
18. خەيرۇددىن رەملىي: «ئەلفەتاۋا ئەلخەيرىييە (الْفَتَاوَى الْخَيْرِيَّةُ)»، 2/321، ئەلئەمىيرىييە مەتبەئەسى، بۇلاق، قاھىرە.
19. ئىبنى ئابىدىن: «شەرھى ئۇقۇدى رەسمىل مۇفتىي»، 12 – بەت.
20. شاتىبىي: «ئەلمۇۋافەقات»، 4/139.

Please follow and like us: