(ھ. 93 – 179/م. 712 – 795)
[150] ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ ئىراقتىكى كۇفە مەسجىدىدە دەرس ھەلقىسى بار ئىدى، ھەلقىدە كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئۇنىڭ مېتودىنى ۋە ئۇ ئىستىنبات قىلغان فۇرۇئلارنى نەقىل قىلغان شاگىرتلىرى ئۇنى چۆرىدەپ ئولتۇراتتى. شاگىرتلىرى كېيىنكى ئەۋلادلارغا فىقھنى نەقىل قىلغان ئەڭ پېشقەدەم فەقىھ ئۇ بولسا كېرەك. مەدىنەدە يەنە بىر دەرس ھەلقىسى بار ئىدى، ئۇ ھەلقىنى يەنە بىر ئىمام قۇرغان بولۇپ، ھەدىس تالىبلىرى ۋە فىقھ تالىبلىرى ھەلقىدە ئۇنى ئوراپ ئولتۇرغان ئىدى. بۇ ئىمام دەرس ھەلقىسىنىڭ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مەسجىدىدە بولۇشىنى ئىختىيار قىلغان ئىدى. ئۇ مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب مۇسۇلمانلارنىڭ مەسىلىلىرىنى ئايرىش ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئولتۇرغان ئورۇننى تاللىدى. ھىجرىيە ئىككىنچى ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا رەسۇلۇللاھنىڭ مەسجىدى ئىچىگە كىرگەن ئادەم ناھايىتى ھەيۋەتلىك، ئېگىز، قىزىل يۈزلۈك، يوغان ساقاللىق بىر شەيخ بىلەن ئۇنى چۆرىدەپ ئولتۇرغان بىر توپ كىشىلەرنى كۆرەتتى. كىشىلەر ئۇنىڭ ھەيۋىتىدىن ئۇنىڭغا تىكىلىپمۇ قارىيالمايتتى. ئەنە شۇ شەيخ دارۇلھىجرەتنىڭ ئىمامى مالىك ئىبنى ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدۇر.تۇغۇلۇشى، نەسەبى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشى
[151] كۈچلۈكرەك رىۋايەتتە، ئۇ ھ. 93 – يىلى تۇغۇلغان. ئۇ مەدىنەدە يەمەن قەبىلىلىرىدىن بولغان ئىككى ئەرەب ئاتا – ئانىدىن تۇغۇلغان. دادىسى «زۇ ئەسبەھ قەبىلىسى» دېيىلىدىغان بىر يەمەن قەبىلىسىگە مەنسۇپ بولۇپ، ئىسمى ئەنەس ئىبنى مالىك ئىبنى ئەبۇ ئامىر ئەسبەھىيدۇر. ئانىسى ئەزد قەبىلىسىگە مەنسۇپ بولۇپ، ئىسمى ئالىيە بىنتى شەرىك ئەزدىييەدۇر.ئىمام مالىكنىڭ بوۋىسى مالىك يەمەننىڭ بەزى ۋالىيلىرى تەرىپىدىن زۇلۇمغا ئۇچراپ، مەدىنەگە كەلگەن ۋە مەدىنەدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان. ئاندىن قۇرەيشلىك تەيم ئىبنى مۇررە جەمەتى بىلەن قۇدىلاشقان ۋە بۇ جەمەت بىلەن قەسەمداش، ئۆزئارا ياردەمچى بولۇشقا ئەھدىلەشكەن. ئىمام مالىكنىڭ ئائىلىسى مەدىنەگە كۆچكەندىن كېيىن، ئائىلىنىڭ كۆپ ئەزالىرى ئىلىمگە، ھەدىسكە ۋە ساھابەلەرنىڭ ئەسەرلىرى، پەتۋالىرىنى رىۋايەت قىلىشقا بېرىلگەن. مالىكنىڭ بوۋىسى تابىئىننىڭ چوڭلىرىدىن ئىدى. ئۇ ئۆمەر ئىبنى خەتتاب، ئوسمان ئىبنى ئەففان، تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللاھ ۋە مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە قاتارلىقلاردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان. (بۇ بوۋا) مالىكتىن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەدىس رىۋايەت قىلغان. شۇ ئوغۇللىرى قاتارىدا دارۇلھىجرەتنىڭ ئىمامىنىڭ دادىسى ئەنەس ۋە «ئەبۇ سۇھەيل» دەپ كۇنيەتلەنگەن نافىئمۇ بار ئىدى. بۇ ئەبۇ سۇھەيل ئۇلارنىڭ ئىچىدە كۆپرەك ھەدىس رىۋايەت قىلىشقا كۆڭۈل بۆلگەن. شۇڭا، ئۇ ئىبنى شىھاب زۇھرىينىڭ ئۇستازلىرى قاتارىدا سانىلىدۇ. گەرچە ئىككىسىنىڭ ياشلىرى يېقىن بولسىمۇ، ئىبنى ھەجەرنىڭ «فەتھۇلبارىي (فتح الباري)»دا دېيىلىشىچە: «ئەبۇ سۇھەيل ناﻓﯩﺌ ئىبنى ئەبۇ ئەنەس ئىبنى ئەبۇ ئامىر — ئىسمائىل ئىبنى جەئفەرنىڭ ئۇستازىدۇر. ئۇ زۇھرىينىڭ ياشتا كىچىك ئۇستازلىرىدىن بولۇپ، ھەتتا زۇھرىينىڭ شاگىرتلىرى ئۇنى كۆرۈشكە ئۈلگۈرگەن. ئەبۇ سۇھەيل زۇھرىيدىن كېيىن ۋاپات بولغان»(1).
دېمەك، ئىمامىمىز مالىك ئىبنى ئەنەس ئىلىمگە ۋە ھەدىس رىۋايەتىگە يۈزلەنگەن بىر ئائىلىدە ئۆسكەن، گەرچە ئۇنىڭ دادىسى رىۋايەت جەھەتتە ئۇنىڭ بوۋىسىنىڭ دەرىجىسىگە ۋە تاغىسى ئەبۇ سۇھەيلنىڭ دەرىجىسىگە يېتەلمىگەن بولسىمۇ. ئۇنىڭ تۇنجى ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىلا ئىلىمگە ۋە رىۋايەتكە يۈزلىنىشى ئانچە ھەيران قالارلىق ئەمەس ئىدى. چۈنكى، ئۇ بىرەر ھۈنەر ئۆگىنىشكە ئەمەس، ئىلىم ئۆگىنىشكە ھەۋەسلەنگەن ئىدى. شۇنىڭدەك ئۇنىڭ نەزر ئىسىملىك ئىلگىرى ھەدىس ئۆگەنگەن بىر ئاكىسى بار ئىدى. ئاكىسى تابىئىن ئىچىدىكى ئالىملارنى لازىم تۇتۇپ، ئۇلاردىن ئىلىم ئالغان ئىدى. مالىك ھەدىس رىۋايەت قىلىشقا ئاتلانغان چاغدا، ئاكىسى داڭلىق بولغانلىقتىن، مالىك «نەزرنىڭ قېرىندىشى» دەپ تونۇلغان. مالىك ئۇستازلىرىنىڭ نەزەرىدە ئېتىبار قازانغاندىن كېيىن، ئۇ ئاكىسىدىنمۇ داڭلىق بولۇپ كەتكەن ۋە ئاكىسى نەزر «مالىكنىڭ قېرىندىشى» دەپ تىلغا ئېلىنىدىغان بولغان.
خۇسۇسىي مۇھىت بىلەن ئومۇمىي مۇھىت ئۇنى ئىلىم ئۆگىنىشكە يۈزلەندۈرگەن. شەرىئەتنىڭ بۆشۈكى، ئىسلام ھاكىمىيىتىنىڭ تۈگۈنى، ئەبۇبەكرى، ئۆمەر، ئوسمانلارنىڭ دەۋرىدىكى ئىسلامنىڭ پايتەختى ۋە نۇرىستانى، رەسۇلۇللاھنىڭ ھىجرەتگاھى ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ شەھىرى مەدىنەنىڭ مۇھىتى ئەنە شۇنداق مۇھىت ئىدى. ئۆمەرنىڭ دەۋرى شۇنداق بىر دەۋر ئىدىكى، ئۇ دەۋردە ئىسلامىي ئەقىللەر ئاجرىلىپ چىقىپ، «قۇرئان كەرىم» ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ كۆرسەتمىلىرىدىن ئىسلام سايىسى ئاستىدىكى مەدەنىيەت ۋە ھازارەتلەرگە ماس كېلىدىغان ئەھكاملارنى ئىستىنبات قىلغان ئىدى.
مەدىنە ئۇمەۋىيلەر دەۋرىدىمۇ شەرىئەتنىڭ قارارگاھى ۋە ئالىملارنىڭ پاناھگاھى بولۇپ داۋاملاشتى. ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير ۋە ئابدۇلمەلىك ئىبنى مەرۋان ئۆز دەۋرلىرىدە ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن مەسلىھەت سورايتتى. شۇنىڭ بىلەن ئابدۇللاھ ئۇلارغا مۇنداق دەپ خەت يازغان: «ئەگەر سىلەر مەسلىھەت سورىماقچى بولساڭلار، ھىجرەت ۋە سۈننەت يۇرتى (مەدىنە) نى لازىم تۇتۇڭلار». ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز شەھەر – شەھەرلەرگە خەت يېزىپ، ئۇلارغا سۈننەتلەرنى ئۆگىتەتتى ھەمدە مەدىنە ئەھلىگە خەت يېزىپ، مەدىنە ئەھلىدىن ئۆتمۈشتە (ساھابەلەر دەۋرىدە) بولغان ئىشلار ھەققىدە سورايتتى ۋە ئۇلارنىڭ مەلۇماتلىرى بىلەن ئىش قىلاتتى.
مانا بۇ مالىكنىڭ ئۆسمۈرلۈكىدىكى مەدىنە. دارۇلھىجرەتنىڭ ئىمامى ئەنە شۇ مۇھىتنىڭ ۋە ئائىلىۋى مۇھىتنىڭ سايىسىدا ئۆزىنى ئىلىمگە ئاتاپ چوڭ بولغان.
ئۇنىڭ ئىلىم تەلەپ قىلىشى
[152] مالىك «قۇرئان كەرىم» يادلاشقا يۈزلىنىپ، ئۇنى يادلىدى. ئاندىن تاغىسى ۋە ئاكىسىغا ئوخشاش، ئالىملارنىڭ مەجلىسلىرىگە قاتنىشىش توغرىسىدا ئائىلىسىدىكىلەرگە مەسلىھەت سېلىۋېدى، ئۇلار ئۇنىڭ تەلىپىگە قوشۇلدى. ئائىلىسىدە ئانىسى ئۇنىڭغا ئەڭ قاتتىق كۆڭۈل بۆلەتتى. ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئانىسىغا ئىلىم ئوقۇشقا بېرىشنى خاھلايدىغانلىقىنى ئېيتىۋېدى، ئانىسى ئۇنىڭغا ئەڭ چىرايلىق كىيىملەرنى كىيگۈزۈپ، بېشىغا سەللە يۆگەپ قويغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا: «ئەمدى بېرىپ ئوقۇ» دېدى. ھەتتا ئانىسى ئۇنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىگىلا كۆڭۈل بۆلمەي، ئۇنىڭغا ئالىملاردىن نېمىنى ئېلىشنى ئۆگەتتى. ئانىسى ئۇنىڭغا: «رەبىئەنىڭ قېشىغا بار، ئۇنىڭ ئىلمىدىن بۇرۇن ئەدەپ – ئەخلاقىنى ئۆگەن» دېگەنىدى. بۇ رەبىئە مەدىنە ئەھلى ئارىسىدا راي بىلەن مەشھۇر بولغان كىشىدۇر. ئانىسىنىڭ بۇ رىغبەتلەندۈرۈشلىرى بىلەن ئۇ رەبىئەنىڭ ئالدىغا باردى ۋە رەبىئەدىن كىچىك تۇرۇپ كۈچىنىڭ يېتىشىچە راي فىقھىسىنى ئۆگەندى. ھەتتا ئۇنىڭ بەزى زامانداشلىرى: «مەن مالىكنى رەبىئەنىڭ دەرس ھەلقىسىدە كۆرگەن، ھالبۇكى ئۇنىڭ قۇلىقىدا بىر ھالقا بار ئىدى» دېگەن(2). [153] شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ خۇددى دەرەخلەر ئارىسىدا يۆتكىلىپ يۈرۈپ ھەربىر دەرەختىن ئۆزى تاللىغان مېۋىنى ئالىدىغان قۇشتەك ئالىملارنىڭ مەجلىسلىرىدە يۆتكىلىپ يۈردى. لېكىن، ئۇنىڭ مەھكەم يېپىشىپ، ئۆزىگە يېتەكچى ۋە پاسىبان قىلىدىغان خاس بىر ئۇستازى بولۇشى كېرەك ئىدى. ئۇ شۇنداق ئۇستازنى تاللىدى. ئۇ بولسىمۇ ئىبنى ھۇرمۇزدۇر. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى لازىم تۇتتى. ياش شاگىرت ئۇستازىغا قىزىقاتتى، ئۇستازىنى ياخشى كۆرەتتى ۋە ئىلمىگە ھۆرمەت قىلاتتى. ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن، ئۇ ئۇستازى ھەققىدە: «مەن 13 يىل ئىبنى ھۇرمۇزدىن شۇنداق بىر ئىلىم ئالدىمكى، تېخى ئۇنى كىشىلەردىن بىرەركىمگە تارقاتمىدىم» دېگەن. يەنە: «ئۇ ھاۋايى – ھەۋەس ئەھلىگە رەددىيە بېرىشنى ۋە كىشىلەرنىڭ ئىختىلاپلاشقان مەسىلىلىرىنى بەك پۇختا بىلەتتى» دېگەن. ئىمام مالىك ئۇستازىنىڭ ئەخلاقى بىلەن ئەخلاقلىنىپ، ئۇنىڭ ھېكمىتىنى ئۆزىگە ماياك قىلاتتى. ئۇ بۇ ھەقتە دەيدۇكى: مەن ئىبنى ھۇرمۇزنىڭ «ئالىم تالىبلىرى تايىنىدىغان بىر ئاساس بولۇشى ئۈچۈن، ئۇلارغا ›بىلمەيمەن‹ دېگەن گەپنى مىراس قالدۇرۇشى لازىم» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. شۇنداق قىلغاندا، ئۇلارنىڭ بىرىدىن بىلمەيدىغان نەرسىسى سورىلىپ قالسا، «بىلمەيمەن» دېيەلەيدۇ. (مالىكنىڭ شاگىرتى) ئىبنى ۋەھبمۇ: «مالىك سورالغان كۆپىنچە سوئالغا ›بىلمەيمەن‹ دەپ جاۋاب بېرەتتى» دېگەن.ئىمام مالىك ئەنە شۇنداق تەسىرىگە ئۇچرىغان ئىبنى ھۇرمۇزنىڭ ئىسمى ئابدۇرراھمان ئىبنى ھۇرمۇزدۇر. لەقىمى «أَعْرَجُ (ئاقساق)» بولۇپ، ھاشىم جەمەتىنىڭ ئازادگەردىسى ئىدى. ئۇ قارىي، مۇھەددىس ۋە تابىئىن ئىدى. ئۇ ئەبۇ ھۇرەيرە، ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي ۋە مۇئاۋىيە ئىبنى ئەبۇ سۇفيان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمدىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان. ئۇنىڭدىن زۇھرىي، ئەبۇززىناد ۋە كۆپلىگەن كىشىلەر ھەدىس رىۋايەت قىلغان. ھ. 117 – يىلى ۋاپات بولغان.
ئىلىم تەلەپ قىلىشتىكى تىرىشچانلىقى
[154] ئىمام مالىك تىرىشىپ ئوقۇپ، ئەھلى ئىلىمنىڭ ھەممىسىدىن ئىلىمنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى ئۆگەندى ۋە ئىلىم ئۆگىنىش ئۈچۈن ھېچبىر پىداكارلىقىنى ئايىمىدى. ئۇ ئىلىم يولىدا ھەممە مۇشەققەتكە بەرداشلىق بېرەتتى ۋە ئىلكىدىكى ھەر نەرسىنى سەرپ ئەتكەن ئىدى، ھەتتا ئۇ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۆيىنىڭ ئۆگزىسىنىڭ ياغىچىنى ساتقان ئىدى. ئىمام مالىك ئۇستازلارنىڭ ئىتتىكلىكلىرىگە سەۋر قىلاتتى ۋە ئۇستازلىرىنىڭ ئالدىغا ئىسسىقنى ئىسسىق، سوغۇقنى سوغۇق دېمەي باراتتى. ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن، ئۇ دەيدۇكى: «كۈندۈزنىڭ يېرىمىدا نافىئنىڭ ئالدىغا باراتتىم، ھالبۇكى ئاپتاپتىن دالدا بولغۇدەك بىرەر دەرەخمۇ يوق ئىدى. ئۇنىڭ چىقىشىنى كۈتەتتىم. چىققان چاغدا دەخلى قىلىپ قالماي دەپ، ئۇنى كۆرمىگەن بولۇپ، بىرەر سائەت نېرىراق تۇراتتىم، ئاندىن ئۇنىڭغا يولۇقۇپ، ئۇنىڭغا سالام قىلاتتىم. يەنە نېرىراق تۇراتتىم. ئاخىرىدا، ئۇ ئۆيگە كىرىپ كەتمەكچى بولغىنىدا، ئۇنىڭغا: ‹پالانى، پالانى ئىشتا ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما نېمە دېگەن› دەيتتىم. ئاندىن ئۇ ماڭا جاۋاب بېرەتتى. ئۇ سەل ئىتتىك مىجەز ئىدى»(3).ئۇ دەۋاتقان بۇ ناﻓﯩﺌ، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ ئازادگەردىسى ناﻓﯩﺌ بولۇپ، ئۇ ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرنىڭ ئىلمىنى ۋە ئۇنىڭ رەسۇلۇللاھتىن ئاڭلىغان ھەدىسلىرىنى، شۇنداقلا ساھابەلەرنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى، بولۇپمۇ ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرنىڭ دادىسى، مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى ئۆمەر فارۇقنىڭ ئىشلىرىنى كۆپ نەقىل قىلغان.
بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، ئىمام مالىك قىزىق ئاپتاپلارغا سەۋر قىلاتتى، ئۇستازىنىڭ ئىتتىكلىكىدىن ھەزەر ئەيلەپ، سەۋر بىلەن چارە قوللىناتتى، ئاخىرىدا ئۇستازىدىن ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرنىڭ ئىلمىنى ئالاتتى. ئۇستازىنى سوئال سوراپ زېرىكتۈرۈپ قويماسلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئېغىرچىلىق چۈشۈرۈپ قويۇشتىن ساقلىناتتى ۋە ئۇنى ئۇزۇن مۇددەت كۈتەتتى. ئۇچراشقاندا، ئۇنىڭغا سالام قىلاتتى، ئاندىن سۈكۈت قىلاتتى، ئاندىن كېيىن سورايتتى.
ئىمام مالىك يەنە ئىبنى شىھاب زۇھرىيدىن ئىلىم ئېلىشقا ئامراق ئىدى. چۈنكى، ئۇ سەئىد ئىبنى مۇسەييەب ۋە كۆپلىگەن تابىئىننىڭ ئىلمىنى ئۆزىدە جۇغلىغان ئىدى. ئۇ ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرنىڭ ئازاگەردىسى ناﻓﯩﺌ بىلەن ئۇچرىشىشقا چارە قوللانغاندەك، ئىبنى شىھاب زۇھرىي بىلەن ئۇچرىشىشقىمۇ چارە قوللىناتتى. ئىبنى شىھاب زۇھرىي بىلەن تىنچ ھالىتىدە ئۇچرىشىش ئۈچۈن تىرىشاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ۋاراڭ – چۇرۇڭ ئاۋاز ئاڭلانمايدىغان تىنچ مۇھىتتا تەلىم ئېلىش ئۈچۈن، ۋاقتى بوش دەپ قارىلىدىغان پەيتتە، ئۇنىڭ قېشىغا كېلەتتى.
رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئىمام مالىك مۇنداق دېگەن: «ھېيت كەلدى، ئىچىمدە: ‹بۈگۈنكى كۈندە ئىبنى شىھاب بوش قالىدىغۇ› دەپ ئويلاپ، نامازگاھتىن قايتىپ ئۇنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئولتۇردۇم. ئۇنىڭ ئۆز دېدىكىگە:
— ئىشىك تۈۋىدە كىم بار، قاراپ بېقىڭ، — دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. شۇنىڭ بىلەن دېدەك قاراپ، ئۇنىڭغا:
— سىلىنىڭ سېرىق تالىبلىرى مالىك بار ئىكەن، — دېدى. زۇھرىي:
— ئۇنى كىرگۈزۈڭ، — دېگەندىن كېيىن، مەن كىردىم. ئۇ:
— تېخى ئۆيۈڭگە قايتمىدىڭغۇ دەيمەن، — دېۋىدى، مەن:
— ھەئە قايتمىدىم، — دېدىم. ئۇ:
—بىرنەرسە يېدىڭمۇ، — دېۋىدى، مەن:
— ياق، — دېدىم، ئۇ:
— ساڭا تائام بېرەي، — دېۋىدى، مەن:
— تائامغا ھاجىتىم يوق، — دېدىم. ئۇ:
— نېمە ئىستەيسەن، — دېۋىدى، مەن:
— ماڭا ھەدىس سۆزلەپ بەرسىلە، — دېدىم. ئۇ:
— ئەمىسە، خەت يازىدىغان تاختايلىرىڭنى ئەكەل، — دېۋىدى، مەن تاختايلىرىمنى چىقاردىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ماڭا قىرىق ھەدىس سۆزلەپ بەردى. مەن:
— يەنە سۆزلەپ بەرسىلە، — دېۋىدىم، ئۇ:
— مۇشۇ يېتەر، ئەگەر سەن بۇ ھەدىسلەرنى رىۋايەت قىلىدىغان بولساڭ، سەن ھافىزلاردىن بولىسەن، — دېدى»(4).
كۆرگىنىڭىزدەك، ئىمام مالىك ئوقۇشنى رىۋايەت ئىلمى بىلەن باشلىدى. رىۋايەت ئىلمى دېمەك «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسلىرىنى بىلىش، شۇنداقلا ساھابەلەرنىڭ پەتۋالىرىنى بىلىش ۋە ئۇلارنى تەكشۈرۈش»تۇر. شۇ ئارقىلىق ئۇ ئۆزىنىڭ فىقھىسى تىرەنگەن تىرەكنى چىڭ تۇتتى. ئۇ كىچىكىدىن تارتىپلا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسلىرىگە شۇ دەرىجىدە ھۆرمەت كۆرسىتەتتىكى، ھەتتا ئۇ ھەدىسلەرنى ئۆرە تۇرۇپ رىۋايەت قىلىشتىن ساقلىناتتى. «تەرتىيبۇل مەدارىك (ترتيب المدارك)»تا دېيىلىشىچە، ئۇنىڭدىن:
— سەن ئەمىر ئىبنى دىناردىن ھەدىس ئاڭلىغانمۇ، — دەپ سورالغاندا، ئۇ:
— مەن ئۇنىڭ ھەدىس سۆزلەۋاتقانلىقىنى، كىشىلەرنىڭ ئۆرە تۇرۇپ يېزىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسىنى ئۆرە تۇرۇپ يېزىشنى ياقتۇرماي، ئولتۇرۇپ يازغان ئىدىم، — دېگەن. بىر قېتىم ئۇ ئۇستازى ئەبۇززىنادنىڭ قېشىدىن ئۆتۈپ قالدى، ھالبۇكى ئۇستازى ھەدىس سۆزلەۋاتاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئولتۇرماي كېتىپ قالدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇستازى بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ، ئۇستازى نېمىشقا كېتىپ قالغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ مۇنداق دېدى: «ئولتۇراي دېسەم، ئورۇن تار ئىكەن. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسىنى ئۆرە تۇرۇپ ئاڭلاشنى خاھلىمىدىم».
ئۇ ئۆگەنگەن ئىلىملەر
[155] ئەۋۋەلەن ئۇ ھەدىس ۋە ساھابەلەرنىڭ پەتۋالىرىنى ئۆگەندى. لېكىن، ئۇ بۇنىڭ بىلەن بولدى قىلماي، ھەدىس ۋە رىۋايەت ئىلمى بىلەن بىرگە، ئىسلامغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئىلىملەرنى ئۆگىنىشكە يۈزلەندى.ئۇنىڭ دەۋرىدە ئەقىدە بارىسىدا گەپ كۆپىيىپ، خاۋارىجلار پەيدا بولدى. ئۇلارنىڭ دىننى چۈشىنىشتە ۋە ئەقىدىنى چۈشىنىشتە ئۆز ئالدىغا قاراشلىرى بار ئىدى. كەيسانىيلار، ئىمامىيلار، زەيدىيلەر ۋە ئۇنىڭدىن باشقىلاردىن ئىبارەت ھەر خىل پىرقەلەرگە بۆلۈنگەن شىئەلەر پەيدا بولدى. مۇئتەزىلەلەر پەيدا بولدى. ھالبۇكى ئۇلارنىڭ ئەقىدىگە ئائىت نەسلەرنى تەفسىرلەشتە ئۆز ئالدىغا مېتودلىرى بار ئىدى. يەنە باشقا پىرقەلەرمۇ بار ئىدى. ئۇ پىرقەلەرنىڭ بەزىسى گەرچە ئىسلامچە ئاتلار بىلەن ئاتىلىۋالغان بولسىمۇ، ئىسلامدىن چىقىپ كەتكەن ئىدى.
بىرەر پىكرىي رەھبەرلىك ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىققان ھەربىر كىشىنىڭ ئەقىدە توغرىسىدىكى بۇ گەپلەرنى بىلىشى ۋە ئۇنى ئىدراك قىلىشى كېرەك ئىدى. ئۇ بۇ توغرىسىدىكى ئىلىمنى ئۆزى دېگەندەك ئىبنى ھۇرمۇزدىن ئالدى. لېكىن، ئۇ بۇنى شاگىرتلىرىغا ۋە چۆرىسىدىكىلەرگە تارقاتمىغان ئىدى. گويا ئۇ بۇ ئارقىلىق ئىلىمنى ئىككى قىسىمغا بۆلىدىغان بولسا كېرەك. بىرىنچىسى: كىشىلەرگە ئۆگەتسە بولىدىغان، ھېچكىمگە خاس بولمىغان قىسىمدۇر. چۈنكى، بۇنى ئۆگىتىشتە ھېچكىمگە زەرەر يوق بولۇپ، ھەممە ئەقىل چۈشىنىشكە ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا كۈچى يېتىدۇ. بۇ قىسىم رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسلىرى ۋە ساھابەلەرنىڭ پەتۋالىرى ھەم ئۇلارنى كىشىلەرگە بايان قىلىشقا ئائىتتۇر. ئىككىنچىسى: ئايرىم كىشىلەرلا بىلىدىغان قىسىم بولۇپ، باشقىلارغا ئۆگىتىلمەيدۇ. چۈنكى، بەزى كىشىلەرگە ئۇنىڭ پايدىسىدىن زىيىنى چوڭدۇر، مەسىلەن، خىلمۇخىل پىرقەلەرنىڭ قاراشلىرى ۋە ئۇنىڭدىن خاتا بولغانلىرىغا رەددىيە بېرىشلەردەك. بۇلارنى چۈشىنىش تەسرەك ۋە گاھىدا كىشىلەر ئۇنى باشقىچە شەكىلدە چۈشىنىۋالىدۇ. ئۇنى تەكرارلاۋېرىش ۋە ئۇنىڭغا رەددىيە بېرىش قايمۇققان كۆڭۈللەرنى قايمۇققۇچىلارنىڭ يولىغا باشلاپ قويۇشى مۇمكىن. بۇ يەردە ئۈچىنچى بىر قىسىم بار بولسا كېرەك. بۇ قىسىم پەقەت تەلەپ قىلىنغاندىلا ئاندىن ئاشكارىلىنىدۇ. ئۇ بولسىمۇ راي فىقھىسىدۇر ۋە ھەر خىل مەسىلىلەردىكى پەتۋالاردۇر. شۇڭا، ئىمام مالىك ئەگەر سوئال بىرەر رېئال مەسىلە ھەققىدە بولسا، ئاندىن سوئالغا جاۋاب بېرەتتى. يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولسىمۇ، نەق يۈز بەرمىگەن ئىشلار ھەققىدە جاۋاب بەرمەيتتى.
دېگىنىمىزدەك، ئۇنىڭ ھەدىس ئىلمى بىلەن بىرلىكتە ئۆگەنگەن ئىلىملىرى ساھابەلەرنىڭ پەتۋالىرى ۋە ئۇ ئۇچرىشىپ باقمىغان تابىئىننىڭ پەتۋالىرىدۇر. دېمەك، ئۇ ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر، زەيد ئىبنى سابىت، ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف، ئوسمان ئىبنى ئەففان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇملارنىڭ پەتۋالىرىنى ئۆگەنگەن، شۇنداقلا پەتۋا بېرىش ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئۆگەنگەنلىرىنى بايان قىلىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىققان باشقا ساھابەلەرنىڭ پەتۋالىرىنىمۇ ئۆگەنگەن. ھالبۇكى ساھابەلەر «قۇرئان»نىڭ نازىل بولۇشىغا شاھىد بولغان، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى كۆرگەن ۋە ئۇنىڭ ھىدايىتىدىن نۇر ئالغان كىشىلەردۇر. ئىمام مالىك سەئىد ئىبنى مۇسەييەب، قاسىم ئىبنى مۇھەممەد، سۇلايمان ئىبنى يەساردەك ۋە ساھابەلەرنىڭ فىقھىسىنى پىششىق ئىگىلىگەن باشقا تابىئىندەك چوڭ تابىئىننىڭ پەتۋالىرىنى بىلىشكە ئەھمىيەت بېرەتتى.
مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسى بىلەن بىرگە، ساھابەلەرنىڭ ۋە چوڭ تابىئىننىڭ فىقھىسى بىلەن كۇپايىلەنمىدى، بەلكى ئۇ راي فىقھىسىغا يۈزلەندى. ئۇ بۇنى يەھيا ئىبنى سەئىدتەك مەدىنەدىكى بەزى راي فۇقەھائلىرىدىن ئۆگەندى. ئۇ «رايچى رەبىئە (رَبِيْعَةُ الرَّأْيِ)» دەپ لەقەملەنگەن رەبىئە ئىبنى ئابدۇرراھماندا مەخسۇس ئۆگەندى. شۇ ئاشكارىدۇركى، رەبىئە ۋە ئۇنىڭدىن باشقا مەدىنەدىكى راي فۇقەھائلىرىدىن نەقىل قىلىنغان راي بىلەن ئەھلى ئىراقتىكى راي ئوخشىمايتتى. ئەھلى ئىراقتىكىسى قىياس ئىدى، يەنى ھۆكۈمنىڭ ئالامىتى بولغان ئىللەتتە ئورتاقلىقلىرى بولغانلىقتىن، ھۆكمى سۆزلەنمىگەن بىر مەسىلىنى ھۆكمى سۆزلەنگەن يەنە بىر مەسىلىگە قىياس قىلىش ئارقىلىق ھۆكمى سۆزلەنمىگەن مەسىلىنىڭ ھۆكمىنى بىلىشتۇر. ئەمما، رەبىئە ۋە ئۇنىڭدىن باشقىلار بىلىدىغان راينىڭ ئاساسى بولسا نەسلەر بىلەن ھەر خىل مەسلەھەلەر ئارىسىنى ماسلاشتۇرۇشتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، «تەرتىيبۇل مەدارىك»تا مۇنداق دەپ كەلگەن: «ئىمام مالىكتىن:
— سىلەر رەبىئەنىڭ مەجلىسىدە قىياس قىلىشامتىڭلار ۋە قىياستا بىر – بىرىڭلاردىن ئېشىپ كېتەمتىڭلار؟ — دەپ سورىلىۋىدى، ئۇ:
— ۋەللاھى ياق، — دەپ جاۋاب بەردى»(5).
بۇنىڭدىن شۇ چىقىدۇكى، ئىمام مالىك قىياس ۋە تەخرىج كۆپ بولىدىغان راي بىلەن جىق شۇغۇللانمىغان، ھەتتا ئۇ يۈز بەرمىگەن ئىشلارنى يۈز بەرگەن ئاساستا پەرەز قىلىپ ھۆكمىنى بايان قىلىدىغان پەرەزىي فىقھنى يامان كۆرەتتى. ھالبۇكى بۇ تۈرلۈك فىقھ ئىراقتا كۆپ بولغان ئىدى. بۇ تۈرلۈك فىقھ قىياسلارنىڭ كۆپ بولغانلىقىنىڭ نەتىجىسىدۇر، شۇنداقلا قىياسنىڭ توغرا بولۇشى ئۈچۈن ۋە ئىللەتنىڭ تېپىلغان يەردە تەتبىقلىنىشى ئۈچۈن، ئىللەتلىككە يارايدىغان سۈپەتلەرنى تاللاشنىڭ نەتىجىسىدۇر.
ئىمام مالىك ھەقىقەتەن ئىلىم تەلەپ قىلىۋاتقان چاغلىرىدا رىۋايەت ئىلمىنى، بولۇپمۇ رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسلىرىنى ئىشەنچلىك ئادەملەردىن ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرەتتى. ئۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋە ئۇنىڭ ساھابەلىرىنىڭ سۆزلىرىنى رىۋايەت قىلىدىغان راۋىيلارنى تەكشۈرەتتى ۋە ئۇلار ئىچىدىكى فىقھتا چوڭقۇر بولغان ئىشەنچلىك كىشىلەرنى تاللايتتى. ھالبۇكى ئۇنىڭغا راۋىيلارنى چۈشىنىش، ئۇلارنىڭ ئەقلىي كۈچى ۋە فىقھىي سەۋىيەسىنى بىلىشتە كۈچلۈك پاراسەت ئاتا قىلىنغان ئىدى.
ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن، ئۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان: «بۇ ئىلىم دىندۇر، دىنىڭلارنى كىمدىن ئېلىۋاتقانلىقىڭلارغا قاراڭلار… (ئۇ پەيغەمبەر مەسجىدىنىڭ تۈۋرۈكلىرىگە ئىشارەت قىلىپ تۇرۇپ) مەن مۇشۇ تۈۋرۈكلەرنىڭ يېنىدا ›رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن‹ دەيدىغانلاردىن يەتمىش ئادەمنى كۆردۈم. مەن ئۇلاردىن بىرەرمۇ ھەدىس قوبۇل قىلمىدىم. ھالبۇكى ئۇلار بەيتۇلمال تاپشۇرۇلسىمۇ خىيانەت قىلمايدىغان ئىشەنچلىك كىشىلەر ئىدى. لېكىن، ئۇلار بۇ ئىشنىڭ ئەھلىدىن ئەمەس ئىدى»(6).
ئۇنىڭ ئۇستازلىرى
[156] ئىشەنچلىكلەرنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «يُوشِكُ النَّاسُ أَنْ يَضْرِبُوا أَكْبَادَ الإِبِلِ فَلاَ يَجِدُونَ عَالِمًا أَعْلَمَ — وفي رواية أفقه — مِنْ عَالِمِ الْمَدِينَةِ / يېقىندا كىشىلەر ئىلىم تەلەپ قىلىش ئۈچۈن ئۇزاق سەپەرلەرنى قىلىپ، مەدىنە ئالىمىدىنمۇ ئالىمراق — يەنە بىر رىۋايەتتە فەقىھرەك — بىرەر ئالىمنى تاپالمايدۇ» دېگەن(7). بۇ ھەدىسنى مالىكىيلار مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يۇقىرىلىقىنى ۋە بۇ خەبەر بىلەن مەقسەت قىلىنغان ئالىمنىڭ ئۇ ئۆزى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن كەلتۈرىدۇ. بىز ئۇ ھەدىسنى بۇنىڭ ئۈچۈن كەلتۈرمەيمىز، بەلكى مەدىنەنىڭ پەزىلىتىنى، ئىمام مالىكقا سايە تاشلىغان پىكرىي مۇھىتنىڭ پەزىلىتىنى بايان قىلىش ئۈچۈن كەلتۈرىمىز. ئۇمەۋىيلەرنىڭ دەۋرىدە ۋە ئابباسىيلارنىڭ ئاۋۋالقى دەۋرىدە مەدىنەنىڭ ئىلىم بىلەن ئىمتىياز تاپقانلىقى تارىخىي بىر ھەقىقەتتۇر. مەدىنە خۇلەفائى راشىدىننىڭ دەۋرىدە ساھابەلەرنىڭ، بولۇپمۇ ئىسلامغا بۇرۇن كىرگەن ساھابەلەرنىڭ ماكانى ئىدى. ئۆمەر ئۇلارنىڭ زىيادە ئىخلاسى ۋە مول بىلىمى ئۈچۈن، گويا ئۇلارنى دۈشمەننىڭ ئۆلتۈرۈشىدىن قوغداۋاتقاندەك، ئۇلارنى مەدىنەدە تۇتۇپ تۇرغان ئىدى. ھالبۇكى ئۇلار ئۇلۇغ پەيغەمبەر ئىلمىنىڭ ھامىللىرى(8) ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ۋە ئۇلارنىڭ ئىلمىدىن مەنپەئەتلىنىش ئۈچۈن، ئۆمەر ئۇلارنى ئۆز يېنىدا قالدۇرغان ئىدى. شۇڭا، بۇلارنىڭ ئىلمى مەدىنەدە قالغان. ئاخىرىدا، ئوسمان ۋە ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ دەۋرىدە ئۇلارنىڭ بەزىلىرى باشقا شەھەرلەرگە تاراپ كەتكەن.ئۇمەۋىيلەر دەۋرى كەلگەندە، ئالىملار باشقا يەرلەردە فىتنەلەر ئاۋۇغاچقا مەدىنەگە توپلاشتى. چۈنكى، مەدىنە ۋەھيىنىڭ بۆشۈكىدۇر، ئۇلۇغ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇبارەك جەسىتىنىڭ ماكانىدۇر، ساھابەلەردىن قېلىپ قالغانلار شۇ مەدىنەدە ئىدى، ساھابەلەرنىڭ ئالىملىرىدىن ئۆتكەنكىلەرنىڭ ئەسەرلىرى شۇ مەدىنەدە ئىدى، شۇنداقلا تابىئىننىڭ كۆپىنچىسى مەدىنەدە ئىدى. ئۇلارنىڭ ئازراقى ئىراق ۋە شامدا ئىدى، ئۇ يەرلەردىن باشقىسىدا تېخىمۇ ئاز ئىدى. ئۇمەۋىيلەرنىڭ ئاخىرقى دەۋرى بولغاندا، ئالىملار ھاكىملارنىڭ ئېزىشىدىن ۋە فىتنەلەردىن قېچىپ، ھىجازغا پاناھلانغان ئىدى. ھاكىملار ئالىملارنىڭ زېمىننى تەۋرەتكۈدەك كۈچى بارلىقىنى ھېس قىلىپ قالغان. يۇقىرىدا ئىراق فۇقەھائلىرىنىڭ شەيخى ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ جېنىنى ئېلىپ مەككەگە قاچقانلىقىنى ۋە بىرنەچچە يىل ھەرەم بەيتۇللاھتا ئىستىقامەت قىلغانلىقىنى كۆردۇق.
[157] ئىمام مالىك ئەنە شۇ ئىلمىي مۇھىتتا ئىدراكلىق ۋە زېرەك ھالدا چوڭ بولدى. شۇ ئۇلۇغلاردىن يۈز كىشىدىن ئىلىم ئالدى، ھەممىسىدىن پىكرىي مېتودلارنى ئۆگەندى، ھەتتا ئۇ ئىمام جەئفەر سادىق ئىبنى مۇھەممەدنىڭ ئىلىم سورۇنىغىمۇ بارغان ئىدى. «تەرتىيبۇل مەدارىك»تا كېلىشىچە: «مەن ھەقىقەتەن جەئفەر ئىبنى مۇھەممەدنىڭ يېنىغا كېلەتتىم، ئۇ خۇشخۇي ۋە چاقچاقچى ئىدى. ئۇنىڭ يېنىدا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تىلغا ئېلىنىپ قالسا، يۈزى تاتىرىپ كېتەتتى. مەن ئۇنىڭ يېنىغا بىر زامان بېرىپ كېلىپ تۇردۇم. ئۇنى قاچانلا كۆرسەم، مۇنداق ئۈچ خىسلەت ئۈستىدە كۆردۈم: يا ناماز ئوقۇۋاتقان، يا روزا تۇتقان، يا قۇرئان ئوقۇۋاتقان. مەن ئۇنىڭ تاھارەتسىز ھالەتتە رەسۇلۇللاھتىن ھەدىس سۆزلىگەنلىكىنى، ئەھمىيەتسىز ئىشلار ھەققىدە گەپ قىلغانلىقىنى قەتئىي كۆرمىدىم. ئۇ ئاللاھتىن قورقىدىغان زاھىد ۋە ئابىد ئالىملاردىن ئىدى. بارغىنىمدا، ھەردائىم ئاستىدىكى تەكىينى چىقىرىپ، مېنىڭ ئاستىمغا قويۇپ بېرەتتى»(9).ئىمام مالىك ئۇنىڭ پەزىلەتلىرىنى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئۇستازلىرىنىڭ پەزىلەتلىرىنى ئۇزۇندىن ئۇزۇن سۆزلىگەن. ئۇ ھەقىقەتەن ساھابەلەرنىڭ ئەسەرلىرى، ئۇلارنىڭ پەتۋالىرى ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۆزلىرىدىن ئىبارەت مەدىنەدىكى ھەممە ئىلىمنى توپلاشقا ھېرىس بولغان ئىدى. ئۇ بىر زامان ئىبنى ھۇرمۇزنى ئۇستاز تۇتقان بولسىمۇ، قالغان مەدىنە ئالىملىرىدىنمۇ ئۆزىنى يىراق تۇتمىغان ئىدى. ئۇ قولىدا مەدىنە ئىلمىنى ئۆگەنگەن كىشىلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ ئىلىم ئالغان كىشىلىرىنى تىلغا ئېلىپ دەيدۇكى: «مەن ئىبنى شىھاب (زۇھرىي) نىڭ: ›بۇ ئىلىمنى بىز مەدىنەدىكى بىر قىسىم كىشىلەردىن توپلىدۇق. ئۇلار سەئىد ئىبنى مۇسەييەب، ئەبۇ سەلەمە، ئۇرۋە، قاسىم، سالىم، خارىجە، سۇلايمان ۋە ناﻓﯩﺌ قاتارلىقلار‹ دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. ئاندىن ئىلىمنى ئۇلاردىن ئىبنى ھۇرمۇز، ئەبۇززىناد، رەبىئە، (يەھيا ئىبنى سەئىد) ئەلئەنسارىي ۋە ئىلىم دېڭىزى ئىبنى شىھاب يۆتكىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىگە ھەدىسلەر تىڭشىتىلىپ ئۆگىنىلەتتى»(10).
بۇ ئۇنىڭ ئىلىمنى ئىبنى ھۇرمۇزدىن، ئەبۇززىناد، رەبىئە، يەھيا ئىبنى سەئىد ئەلئەنسارىي ۋە ئىلىم دېڭىزى ئىبنى شىھابتىن ئالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
يۇقىرىدا سىزگە دېگەنىدۇق، ئىمام مالىك ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرنىڭ پەتۋالىرىنى ۋە ئۇنىڭ دادىسىدىن نەقىل قىلغانلىرىنى ئابدۇللاھنىڭ ئازادگەردىسى نافىئتىن بىلگەن ئىدى.
ئۇ تىلغا ئالغان بۇ كىشىلەر ساھابەلەرنىڭ ۋە تابىئىننىڭ فىقھىسىنى رىۋايەت قىلىشقا كۆڭۈل بۆلگەن بولسىمۇ، لېكىن راي فىقھىسىنى قانچىلىك تۇتۇش جەھەتتە پەرقلىق ئىدى. ئۇلارنىڭ بەزىسىگە رىۋايەت غالىب كەلگەن، مەسىلەن ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرنىڭ ئازادگەردىسى ناﻓﯩﺌ، ئەبۇززىناد ۋە ئىبنى شىھاب زۇھرىيدەك. يەنە بەزىسىگە راي فىقھىسى غالىب كەلگەن، مەسىلەن رەبىئە ۋە يەھيا ئىبنى سەئىدتەك. ئەمما، ئىبنى ھۇرمۇزغا كەلسەك، مالىكنىڭ ئۇ توغرىسىدا كۆپ توختالمىغانلىقىنى كۆرىمىز. لېكىن، ئۇ مالىكقا قاتتىق تەسىر كۆرسەتكەن كىشى ئىدى. ئىلگىرى دېگىنىمىزدەك، ئىمام مالىكنىڭ ئىسلامىي بىلىملەرنىڭ، ئەقىدە ۋە پىرقەلەرگە مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنىڭ كۆپىنى ئۇنىڭدىن ئالغانلىقى ئاشكارىدۇر. ئىبنى ھۇرمۇز ئۆزىدىن ھەدىس رىۋايەت قىلىنىشنى ياقتۇرمايتتى، شۇڭا ئۇ مالىكنى سەنەدتە ئۆزىنى تىلغا ئېلىشتىن توسقان ۋە رەسۇلۇللاھتىن ئېلىنغان، لېكىن خاتالىق بولۇشى مۇمكىن بولغان بىر نەقىلنىڭ ئۆزىدىن تارقىلىشى ئورنىغا، ئۆزىنىڭ نامسىز قېلىشىنى تاللىغان.
[158] بۇ ئارقىلىق ئىمام مالىكنىڭ شەيخلىرىنى ئىككى قىسىمغا بۆلەلەيمىز: ئۇ بىر قىسىمدىن فىقھ ۋە راي ئۆگەنگەن. يەنە بىر قىسىمدىن ھەدىسلەرنى ۋە ساھابەلەرنىڭ ئەسەرلىرىنى ئالغان. مالىك بۇ شەيخلەردىن تەلىم ئالغان، لېكىن بېرىلگەن تەلىمنى قارىغۇلارچە ئالغان ئەمەس، بەلكى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلاتتى، ئۇنىڭ بەزىسىنى قوبۇل قىلاتتى، يەنە بەزىسىنى رەت قىلاتتى. ئۇ ئىبنى ھۇرمۇزنى قاتتىق ھۆرمەتلىسىمۇ، يەنىلا ئۇنىڭ دېگىنىنى تەكشۈرەتتى ۋە ئۇ ھەقتە ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرىلىشەتتى. شۇڭا، ئىبنى ھۇرمۇز ئۇنىڭغا ئۆزى بىلەن ئايرىم ئىلمىي سۆھبەتلەردە بولۇش ئىمكانىيىتىنى كۆپلەپ بەرگەن ئىدى ۋە ئۇ ئىلمىي سۆھبەتلەرگە مالىك بىلەن بىرگە ئابدۇلئەزىز ئىبنى ئەبۇ سەلەمەنىمۇ قاتناشتۇراتتى. ئىبنى ھۇرمۇزغا:— بىز سورىساق جاۋاب بەرمەيدىكەنلا، مالىك بىلەن ئابدۇلئەزىز سورىسا جاۋاب بېرىدىكەنلا، — دېيىلگەندە، ئۇ:
— بەدىنىمگە بىر ئاجىزلىق كىرىۋالدى، بۇ ئاجىزلىقنىڭ ئەقلىمگىمۇ كىرىۋالغان بولۇشىدىن ئەمىن بولالمايۋاتىمەن. سىلەر مەندىن بىرنەرسە سوراپ جاۋاب بەرسەم، سىلەر شۇ پېتى قوبۇل قىلىسىلەر. ئەمما، مالىك بىلەن ئابدۇلئەزىز قاراپ باقىدۇ: ئەگەر توغرا بولسا قوبۇل قىلىدۇ، توغرا بولمىسا تاشلايدۇ، — دېگەن(11).
مەدىنەدىكى راي فىقھىسى
[159] ئىراق راي فىقھىسىنىڭ ماكانى ئىكەنلىكى بىلەن مەشھۇر بولغان. ھىجاز، خۇسۇسەن مەدىنە ئەسەر فىقھىسىنىڭ ماكانى ئىكەنلىكى بىلەن مەشھۇر بولغان. بۇ قاراش راۋاج تېپىپ، ھەتتا ئىسلام فىقھ تارىخىدا ئۆزگەرمەس پرىنسىپ ھالىغا كەلگەن. بىز ئىراقتىكى راي فۇقەھائلىرىنىڭ ھىجازدىكى راي فۇقەھائلىرىدىن سان جەھەتتە جىق ئىكەنلىكى ۋە راي فىقھىسىنى ئۇلاردىن كۆپرەك قوللىنىدىغانلىقىدىن شەكلەنمەيمىز. لېكىن، بىز «ئىراق فىقھىسىنىڭ ھەممىسى راي فىقھىسى ئىدى، ھىجاز فىقھىسى ئومۇمەن ئەسەر فىقھىسى ئىدى» دېيەلمەيمىز. چۈنكى، ئەسەر ئىراقتىمۇ قوللىنىلغان ئىدى، راي مەدىنەدىمۇ قوللىنىلغان ئىدى. ئۆز دەۋرىدىكى تابىئىننىڭ چوڭى، شۇنداقلا ئىبنى شىھاب زۇھرىي ۋە باشقىلارنىڭ ئۇستازى سەئىد ئىبنى مۇسەييەب پەتۋا بېرىشتىن قورقمايتتى، پەتۋا بېرىشتە «جۈرئەتلىك» دەپ لەقەملەنگەن ئىدى. كۆپ ھاللاردا راينى ئۆزىنىڭ پەتۋا بېرىش مېتودى قىلغان كىشىدىن باشقىسى جۈرئەت بىلەن پەتۋا بېرىشكە قەدەم ئالالمايدۇ. بەزى تابىئىن رىۋايەتنى ئىنچىكە تەتقىق قىلاتتى، ھېچبىر ھەدىسنى ئاللاھنىڭ كىتابىغا، رەسۇلۇللاھتىن كەلگەن مەشھۇر سۈننەتكە ۋە ئىجماﺋ قىلىنغان ئىسلامىي مۇقەررەراتلارغا تەڭلىمەستىن قوبۇل قىلمايتتى. رەبىئە مەدىنە ئەھلىنىڭ ئەمەلىنى مەشھۇر بولمىغان ئاھاد ھەدىسلەرنىڭ ئالدىغا قوياتتى ۋە: «مىڭلارچە كىشىنىڭ مىڭلارچە كىشىدىن رىۋايەت قىلغىنى بىر كىشىنىڭ بىر كىشىدىن رىۋايەت قىلغىنىدىن ئەۋزەلدۇر» دەيتتى. مالىك ئەنە شۇ يولنى تۇتۇپ ماڭغان. ئاللاھ خاھلىسا بۇنى كېيىنرەك بايان قىلىمىز.مەدىنەدە كۆپ فىقھ ۋە كاتتا ئىستىنبات بار ئىدى. فىقھ بارى يەردە، چوقۇمكى تەخرىج ۋە رايغا ئورۇن بولىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، ئىراقلىقلاردىكى راي مېتودى مەدىنەلىكلەردىكى راي مېتودىدىن پەرقلىنەتتى. ئىراقلىقلاردىكى راي مېتودى قىياس ئىدى، ئۇلار بۇنىڭدا ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇدقا، ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىبقا ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئىلمىنى يۆتكىگەن ئەلقەمە، ئىبراھىم نەخەئىي ۋە باشقىلاردەك تابىئىنگە ئەگەشكەن ئىدى.
شۈبھىسىزكى، ئىراقلىقلاردىكى ئەسەرلەر مىقدار ۋە شەيخ جەھەتتىن ھىجازلىقلاردىكى ئەسەرلەردىن پەرقلىنىدۇ. چۈنكى، ھەر يۇرتنىڭ شۇ يۇرتتىكى پىكىرگە رەھبەرلىك قىلىدىغان ۋە پىكىرنى رىۋايەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرىدىغان بىر بۆلۈك ئالىملىرى بار بولغان. ھەتتا بۇ فىقھىي رەھبەرلىكلەر مەزھەب ۋە مېتود بولۇپ شەكىللىنىشكە باشلىغان.
شاھ ۋەلىيۇللاھ دىھلەۋىي بۇ ھەقتە ئېيتقانكى: «ھەر ئالىمنىڭ نەزەرىدە ئۆز يۇرتى ئەھلىنىڭ ۋە ئۇستازلىرىنىڭ مەزھەبى ئەۋزەلدۇر. چۈنكى، ئۇ ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنىڭ توغرىلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ، ئۇلارنىڭ قويغان ئۇسۇللىرىغا رىئايە قىلىدۇ، ئۇنىڭ قەلبى شۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىغا بەكرەك مايىل بولىدۇ. مەسىلەن، ئۆمەر، ئوسمان، ئىبنى ئابباس، زەيد ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمنىڭ مەزھەبى ۋە ئۇلارنىڭ سەئىد ئىبنى مۇسەييەب (ئۇ ئۆمەرنىڭ قازىلىق سۈپىتى بىلەن چىقارغان ھۆكۈملىرىنى ۋە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسلىرىنى ئەڭ كۆپ ساقلىغان كىشى ئىدى)، ئۇرۋە، سالىم، ئەتاﺋ ئىبنى يەسار، قاسىم، زۇھرىي، يەھيا ئىبنى سەئىد، زەيد ئىبنى ئەسلەم… قاتارلىقلاردەك شاگىرتلىرىنىڭ مەزھەبى مەدىنە ئەھلىنىڭ نەزەرىدە قوبۇل قىلىشقا باشقا مەزھەبتىن بەكرەك لايىقتۇر. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەدىنەنىڭ پەزىلەتلىرى ھەققىدە ھەدىسلەرنى بايان قىلغان، شۇنداقلا مەدىنە فۇقەھائنىڭ پاناھگاھىدۇر ۋە ھەر دەۋردىكى ئالىملارنىڭ جەمگاھىدۇر. شۇڭا، بىز مالىكنىڭ ئۆزىدىن ئىلگىرىكى شۇ كىشىلەرنىڭ يولىنى تۇتقانلىقىنى كۆرىمىز. ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرىنىڭ مەزھەبى، شۇرەيھ ۋە شەئبىينىڭ قازىلىق سۈپىتى بىلەن چىقارغان ھۆكۈملىرى، ئىبراھىم نەخەئىينىڭ پەتۋالىرى… ئەھلى كۇفەنىڭ نەزەرىدە قوبۇل قىلىشقا بەكرەك لايىقتۇر»((12).
ئىراقلىقلاردا راي بولغاندەك، مەدىنەلىكلەردىمۇ راي بولغان بولسىمۇ، ئەلبەتتە بۇ يەردە بىر ئىختىلاپ بار، بۇ ئىختىلاپ ئەسلىدە تابىئىننىڭ ئىختىلاپىدۇركى، ھەربىر (فىقھىي) يۆنىلىش تابىئىندىن بىردىن تائىپىنىڭ تەرىپىنى ئالغان. يەنە رىۋايەت ۋە راي مىقدارى جەھەتتىمۇ ئىختىلاپ بار. شەكسىزكى، رىۋايەت مەدىنەدە كۆپرەك ئىدى. چۈنكى، مەدىنە بىرىنچى بولۇپ ساھابەلەرنىڭ ماكانى ئىدى، ئىككىنچى بولۇپ ساھابە ۋە كۆپىنچە تابىئىننىڭ پاناھگاھى بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر ئىختىلاپمۇ بار. ئۇ بولسىمۇ ئىمام مالىك ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ماشايىخلىرىدەك مەدىنە فۇقەھائلىرىنىڭ نەزەرىدە چوڭ تابىئىننىڭ سۆزلىرى زور دەرىجىدە ئېتىبارغا ئېلىناتتى، ھالبۇكى چوڭ تابىئىن بولۇپ كەتسىمۇ، ئومۇمەن تابىئىننىڭ قاراشلىرىنى ئىراق فۇقەھائلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئەگىشىش شەكلىدە قوبۇل قىلمىغان. ئىمام ئەبۇ ھەنىفەمۇ: «ئىبراھىم نەخەئىي ۋە ھەسەن بەسرىيگە كەلسەك، ئۇلار بىزگە ئوخشاش ئادەم» دېگەن.
ئەھلى مەدىنەنىڭ نەزەرىدىكى راي ئەسەرلەرنى چىقىش قىلغۇچىدۇر، مەسلەھەنى تۇتۇپ مېڭىشتىن ئىبارەت ئۆمەر ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكىلەرنىڭ يولىدا يۈرگۈچىدۇر. دېمەك، ئۇ ئەسەرلەرگە ئوخشاپ كېتىدىغان راي بولۇپ، ئەسەرلەرنىڭ مەنىسى سىرتىغا چىقىشقا بولمايدۇ.
بۇ تەتقىقاتتىن شۇ خۇلاسىنى چىقىرىمىزكى، مەدىنەدىكى راي گەرچە كۆپلۈكتە ئىراقتىكىدىن تۆۋەن ۋە ئىراقلىقلارنىڭ مېتودىغا ئوخشىمايدىغان بولسىمۇ، فىقھ تارىخى ھەققىدىكى بەزى يازغۇچىلار ئېيتقاندەك، مەدىنەدىكى راي ئاز ئەمەس ئىدى.
ئىمام مالىك ھەقىقەتەن مەدىنەدىكى رىۋايەت ۋە رايدىن نېسىۋە ئېلىپ، مۇھەددىس ۋە فەقىھ بولغان ئىدى. ئۇ توغرۇلۇق شاھ ۋەلىيۇللاھ دىھلەۋىي ئېيتقانكى: «مالىك مەدىنەلىكلەرنىڭ رەسۇلۇللاھتىن رىۋايەت قىلغان ھەدىسلىرىگە ئەڭ پىششىق ۋە ئىسناد جەھەتتىمۇ ئەڭ ئىشەنچلىك، شۇنداقلا ئۆمەرنىڭ قازىلىق سۈپىتى بىلەن چىقارغان ھۆكۈملىرىنى، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر، ھەزرىتى ئائىشە ۋە ئۇلارنىڭ شاگىرتلىرىنىڭ قاراشلىرىنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغان كىشىلەردىن ئىدى. رىۋايەت ۋە پەتۋا ئىلمى ئىمام مالىك ۋە ئۇنىڭ ئوخشاشلىرى بىلەن بەرپا بولغان. ئىش ئۇنىڭغا تاپشۇرۇلغان چاغدا، ئۇ ھەدىس سۆزلىگەن، پەتۋا بەرگەن ۋە (بۇنى) ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلغان»(13).
ئىمام مالىكنىڭ مۇدەررىسلىك قىلىشى
[160] ئىمام مالىك مەدىنەنىڭ ئىلمىي ئوزۇقلىرى بىلەن ئوزۇقلىنىپ، ئۆزىنى پۇختىلىغان ۋە ئەمدى ئۆزىنىڭ ئىلىم ئۆگىتىپ كىشىلەرگە رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسلىرىنى ئىشەنچلىكلەردىن ئالغان پېتى نەقىل قىلىشى، پەتۋا بېرىشى، تەخرىج قىلىشى ۋە پەتۋا سورىغانلارغا توغرا يولنى كۆرسىتىشى كېرەكلىكىگە قانائەت قىلغاندىن كېيىن، مەخسۇس دەرس بېرىش ۋە ھەدىس رىۋايەت قىلىش ئۈچۈن ئولتۇرغان. ئاشكارا بولۇشىچە، ئىمام مالىك دەرس ۋە پەتۋاغا ئولتۇرۇشتىن بۇرۇن سالىھ ۋە پازىل كىشىلەرگە مەسلىھەت سالغان. ئۇ بۇ توغرۇلۇق دەيدۇكى: «ھەدىس ۋە پەتۋا بېرىش ئۈچۈن مەسجىدتە ئولتۇرماقچى بولغان ھەرقانداق ئادەم سالىھ – پازىل كىشىلەر ۋە مەسجىد مۇتەۋەللىيلىرى بىلەن مەسلىھەتلەشمىگۈچە مەسجىدتە ئولتۇرغان ئەمەس. ئەگەر ئۇلار ئۇنى شۇنىڭغا لايىق كۆرسە ئولتۇرالايتتى. ماڭا ئەھلى ئىلىملەردىن يەتمىش كىشى مېنىڭ شۇنىڭغا لايىق ئىكەنلىكىمگە گۇۋاھلىق بەرگەندىن كېيىن ئولتۇرغان ئىدىم».ئىمام مالىك ھېچبىر گۇۋاھنامە ۋە ھېچبىر دىپلوم تەڭلىشەلمەيدىغان بۇ گۇۋاھلىقتىن كېيىن، مەخسۇس دەرس ۋە پەتۋا بېرىش ئۈچۈن ئولتۇردى. شۇ چاغدا ئۇنىڭ قانچە ياشتا ئىكەنلىكى جەزمىي شەكىلدە مەلۇم ئەمەس، لېكىن ئۇنىڭ ھاياتىغا دائىر خەبەرلەرنىڭ ئومۇمىسى شۇ چاغدا ئۇنىڭ پېشىپ يېتىلىش چېكىگە يەتكەنلىكىنى، ئۇنىڭ قىران يېشىغا يەتمىگۈچە مۇدەررىسلىك قىلمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
راۋىيلار: «70 ئالىم ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق بەرگەن بولسىمۇ، ئۇ دەرس بېرىشنى باشلاشتىن بۇرۇن رەبىئە بىلەن ئىختىلاپلىشىپ قالدى» دېگەن. بۇ ئىختىلاپ لەيس ئىبنى سەئدنىڭ مالىكقا يازغان خېتىدە تىلغا ئېلىنغان: «رەبىئەنىڭ ئىختىلاپى مەن بىلگەن ۋە كۆرگەن ئۆتمۈشتىكى بەزى ئىشلار ئۈچۈن ئىكەن. مەن ئۇ ئىش توغرىسىدىكى سېنىڭ قارىشىڭنى ۋە مەدىنە ئەھلى ئىچىدىكى راي ئىگىلىرىنىڭ قارىشىنىمۇ ئاڭلىدىم، مەسىلەن يەھيا ئىبنى سەئىد، ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر، كەسىر ئىبنى فۇرقەد ۋە باشقا رەبىئەدىن ياشتا چوڭ كۆپ كىشىلەر. شۇ ئىش سېنى سەن يامان كۆرگەن بىر ئىشقا، يەنى رەبىئەنىڭ دەرس مەجلىسىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر قىلىپتۇ. سەن رەبىئەنى تەنقىدلىگەن شۇ بەزى ئىشلار ھەققىدە سەن ۋە ئابدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ بىلەن مۇزاكىرىلەشكەن ئىدىم. سىلەر ئىككىڭلارمۇ مەن بىلەن پىكىرداش بولۇپ، مەن يامان كۆرگەننى سىلەرمۇ يامان كۆرگەن ئىدىڭلار. شۇنداقتىمۇ، ئاللاھقا شۈكۈر، رەبىئەدە كۆپ خەيرلىك بار، ئۆتكۈر قەلب ۋە روشەن پەزىلەت بار، ئىسلامدا تۇتقان گۈزەل يولى بار، ئومۇمىي قېرىنداشلىرىغا، خۇسۇسەن بىزگە چىن مېھىر – مۇھەببىتى بار. ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن، مەغپىرەت قىلسۇن ۋە قىلغان ئەمەللىرىدىن ئاشۇرۇپ مۇكاپاتلىسۇن».
رەبىئە ھ. 136 – يىلى ۋاپات تاپقان بولسا، دېمەك ئۇ ئىمام مالىك 43 ياشقا كىرگەن چېغىدا ۋاپات تاپقان بولىدۇ. ئۇنداق بولۇپ قالسا، مالىكنىڭ رەبىئە بىلەن بولغان ئىختىلاپىنىڭ ئۇ تولۇق پىشىپ يېتىلگەن بىر ياشتىكى چاغدا بولغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدۇ. بۇ ئەقىلگە مۇۋاپىق.
ئۇنىڭ دەرس مەجلىسى
[161] ئۇ دەرس بېرىش ئۈچۈن دەسلەپتە رەسۇلۇللاھنىڭ مەسجىدىدە ئولتۇرغان ئىدى. دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئۇ ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئولتۇرغان ئورنىدا ئولتۇرۇشنى تاللىدى، ئۇ ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد تۇرغان ئۆيدە تۇرۇشنى تاللىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ پىكرى ۋە قاراشلىرى بىلەن ساھابەلەرنىڭ ئاتموسفېراسىدا ياشاۋاتقاندەك، ياتقان ۋە قوپقان يېرىنىڭمۇ ساھابەلەرنىڭ ئىزلىرى بىلەن ئورىلىشىنى كۆزلىگەن ئىدى.ئىمام مالىك ئىمام ئەبۇ ھەنىفە قىلغاندەك دەرسنى ھايات بويى مەسجىدتە بەرمىگەن. سۈيدۈك تۇتالماسلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندا، دەرسىنى ئۆيىگە يۆتكىگەن. كېسەل ئەدەپ كەتكەندىن كېيىن، كىشىلەرنىڭ قېشىغا چىقىشتىن توختاپ قالغان بولسىمۇ، دەرستىن توختاپ قالمىغان. ئىبنى فەرھۇننىڭ «ئەددىيباجۇل مۇزەھھەب (الديباج المذهب)»تە كېلىشىچە، ۋاقىدىي ئېيتقانكى: «مالىك مەسجىدكە كېلىپ، نامازلارغا ۋە جىنازىلارغا قاتنىشاتتى، كېسەللەرنى يوقلايتتى، ھەقلەرنى ئادا قىلاتتى، مەسجىدتە ئولتۇراتتى، شاگىرتلىرى ئۇنىڭ قېشىغا توپلىشاتتى. ئاندىن كېيىن مەسجىدتە ئولتۇرۇشنى تەرك ئېتىپ، مەسجىدتە ناماز ئوقۇپ بولۇپلا مەجلىسىگە قايتىدىغان بولدى. جىنازىلەرگە قاتنىشىشنى تەرك ئېتىپ، جىنازە ئىگىلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ تەزىيە بىلدۈرىدىغان بولدى. ئاندىن كېيىن ئاشۇلارنىڭ ھەممىسىنى تەرك ئېتىپ، مەسجىدتىكى نامازلارغىمۇ ۋە جۈمەگىمۇ قاتناشمايدىغان بولدى ھەم تەزىيە بىلدۈرۈش ئۈچۈن بىركىمنىڭ قېشىغىمۇ بارمايدىغان بولدى. كىشىلەر تا ئۇ ئۆلگۈچە ئۇنىڭ بۇ ئەھۋاللىرىغا كەڭ قورساق بولدى. گاھىدا ئۇنىڭدىن بۇ ئەھۋالى توغرۇلۇق سورالسا، ئۇ: ‹ھەركىم ئۆزىنىڭ ئۆزرىسىنى سۆزلەپ بېرەلمەيدۇ› دەيتتى».
ئۇنىڭ ئىككى دەرس مەجلىسى بار ئىدى. بىرى ھەدىس ئۈچۈن، يەنە بىرى مەسىلىلەر ئۈچۈن، يەنى يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنىڭ ھۆكۈملىرى ھەققىدە پەتۋا بېرىش ئۈچۈن ئىدى. دەرسنى ئۆيىگە يۆتكىگەندىن كېيىنمۇ بۇ ئىككى مەجلىس داۋاملاشقان. ئۇنىڭ شاگىرتلىرىنىڭ بىرى ھېكايە قىلىدۇكى: «ئۇنىڭ دەرسى ئۆيىگە يۆتكەلگەن چاغدا، ئۇنىڭ قېشىغا ئادەملەر كەلسە، دېدەك چىقىپ: شەيخ سىلەرنى ‹ھەدىس ئىستەمدىكەن ياكى مەسىلە سورامدىكەن؟ دەيدۇ› دەيتتى. ئەگەر ئۇلار: ‹مەسىلە سورايمىز› دېسە، ئۇلارنىڭ قېشىغا چىقىپ پەتۋا بېرەتتى. ‹ھەدىس ئىستەيمىز› دېسە، ئۇلارغا: ‹ئولتۇرۇپ تۇرۇڭلار› دەپ يۇيۇنىدىغان يېرىگە كىرىپ يۇيۇناتتى، خۇش پۇراق ئىشلىتىپ، يېڭى كىيىملەرنى كىيەتتى ھەمدە كەڭ تون كىيىپ سەللە ئورايتتى، ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر مۇنبەر قويۇلاتتى. ئاندىن ئۇ كىيىنگەن، خۇش پۇراق ئىشلەتكەن ھالدا كىشىلەرنىڭ ئالدىغا سۈرلۈك چىقاتتى. تا ئۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسىدىن پارىغ بولغۇچە خۇش پۇراق پۇراپ تۇراتتى»(14).
[162] ئاخىرىدا، مالىك ھەدىس ئۈچۈن بىرقانچە كۈننى، مەسىلە سوراش ئۈچۈن يەنە بىرقانچە كۈننى بەلگىلىدى. ئۇنىڭغا خاس مەسىلىلەر يەتكۈزۈلسە، ئۇ چىقماستىنلا جاۋابىنى يېزىپ بېرەتتى، باشقىلارغا قىلغاندەك مەدىنە ئەمىرىگىمۇ شۇنداق قىلاتتى.مالىك دەرسىدە مەيلى ھەدىس بولسۇن ياكى پەتۋا بېرىش بولسۇن سالماقلىقنى چىڭ تۇتاتتى ۋە بىھۇدە گەپتىن يىراق تۇراتتى. «تالىبۇلئىلىممۇ شۇنداق بولۇشى لازىم» دەپ قارايتتى. ئۇ: «ئىلىم ئوقۇغان كىشىدە سالماقلىق، تەمكىنلىك ۋە تەقۋادارلىق بولۇشى، ئۆتكەنكىلەرنىڭ ئىزلىرىغا ئەگىشىشى لازىمدۇر. ئەھلى ئىلىملەر ئۆزلىرىنى چاقچاقتىن يىراق تۇتۇشى كېرەك، بولۇپمۇ ئىلىمنى تىلغا ئالغاندا» دەيتتى. يەنە: «تەبەسسۇمدىن ئارتۇق كۈلمەسلىك ئالىمنىڭ ئەدەبلىرىدىندۇر» دەيتتى. ئۇ بۇنى ئۆزىگە قاتتىق تەتبىقلىغان بولۇپ، ھەتتا ئەللىك يىلچە ھەدىس سۆزلەپ ۋە دەرس ئۆتۈپ، دەرس ئارىلىقىدا بىر قېتىممۇ كۈلۈپ سالمىغان.
بۇ ئۇنىڭ تەبىئىتىدىكى توڭلۇق ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ دىن ئىلمىگە ئەدەب بىلەن مۇئامىلە قىلغانلىقىدۇر. ئەگەر ئۇ دىنىي ئىلىم مەجلىسىدىن بۆلەك يەردە بولۇپ قالسا، ئوچۇق يورۇق، خۇشخۇي ۋە كەمتەر بولاتتى. ئۇنىڭ بەزى شاگىرتلىرى دەيدۇكى: «ئىمام مالىك بىز بىلەن ئولتۇرسا، گويا ئارىمىزدىكى بىرىدەك بىز بىلەن ئېچىلىپ يېيىلىپ پاراڭلىشاتتى، بىزنىڭ ئۇنىڭغا كەمتەر بولغىنىمىزدىنمۇ ئۆتە كەمتەر بولۇپ كېتەتتى. ھەدىس باشلاپ قالسا، گويا ئۇ بىزنى تونۇمايدىغاندەك، بىزمۇ ئۇنى تونۇمايدىغاندەك، ئۇنىڭغا گەپ قىلىشتىن ھېيىقاتتۇق».
يىل بويىچە مەيلى ئۇنىڭ دەرسى ئۆيدە بولسۇن ياكى مەسجىدتە بولسۇن، مەدىنە ئەھلىدىن خاھلىغان ئادەم ئۇنىڭ دەرسىگە قاتنىشاتتى. ئۇنىڭ دەرسى ئۆيىگە يۆتكەلگەندىن كېيىن، ھەج مەۋسۇملىرىدە ھاجىلارنىڭ ئۇنىڭ دەرسىگە قاتنىشىشى قىيىنلاشتى. شۇ جەھەتتىن، ئۇ ئىشىكباقارىنى باشتا مەدىنەلىكلەرنى ئىچىگە كىرگۈزۈشكە بۇيرۇيتتى. ئۇلارغا ھەدىس سۆزلەش ياكى پەتۋا بېرىشتىن پارىغ بولسا، ئۇلاردىن باشقىلارنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت قىلاتتى. ئەگەر ئىشىك ئالدىدا قىستاڭچىلىق بولۇپ كەتسە، بەزىدە گاھى رايونلۇقلارغا رۇخسەت بېرىپ، ئاندىن ئۇلاردىن باشقىغا رۇخسەت بېرەتتى. «تەرتىيبۇل مەدارىك»تا كېلىشىچە: «ھەسەن ئىبنى رەﺑﯩﯿﺌ ئېيتىدۇ: مالىكنىڭ ئىشىك ئالدىدا تۇراتتىم، ئۇنىڭ جاكارچىسى: ‹ھىجازلىقلار كىرسۇن› دەپ توۋلىدى. شۇنىڭ بىلەن يالغۇز ئۇلارلا كىردى، ئاندىن شاملىقلارنى توۋلىدى، ئاندىن ئىراقلىقلارنى توۋلىدى. مەن كىرگەنلەرنىڭ ئاخىرقىسى بولدۇم. ئارىمىزدا ھەمماد ئىبنى ئەبۇ ھەنىفەمۇ بار ئىدى».
مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەتۋالىرىدا يۈز بەرگەن مەسىلىلەرگىلا جاۋاب بېرەتتى. ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ ئەكسىچە، يۈز بېرىشى مۇمكىن بولسىمۇ يۈز بەرمىگەن بىر مەسىلىگە جاۋاب بەرمەيتتى. بىر ئادەم ئۇنىڭدىن يۈز بەرمىگەن بىر مەسىلە ھەققىدە سورىۋىدى، ئۇ: «بولىدىغان ئىش توغرۇلۇق سورا، بولمايدىغان ئىش توغرۇلۇق سورىما» دېدى. ئۇنىڭ شاگىرتى ئىبنى قاسىم: «مالىك جاۋاب بەرمىگىلى تاس قالاتتى. ئۇنىڭ شاگىرتلىرى بىرەر ئادەمنىڭ ئۆزلىرى بىلىۋېلىشنى ئىستىگەن مەسىلىنى يۈز بەرگەن بىر مەسىلە شەكلىدە ئەكىلىشىنى، ئاندىن مالىكنىڭ ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىشىنى پەملەيتتى» دېگەن.
مالىكنىڭ پەرەزىي مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىشكە ئۇنىماسلىقى ئۇنىڭ نەزەرىدە ئەقلىنى پەرەز ۋە تەخمىن خۇمارىغا بېرىلىپ كېتىپ، پاكىتسىز ھالدا ھەدىسلەرگە قارشى كېلىپ قېلىشتىن ساقلىغانلىقى ئىدى. ئۇ «پەتۋا بېرىش ئالىم ئۈچۈن بىر سىناقتۇر، ئالىم پەتۋاغا پەقەت كىشىلەرنى توغرىغا يېتەكلەش ئۈچۈن ۋە ئۇلارنى ھەق دىننىڭ دائىرىسىدە تۇرۇشقا ئۈندەش ئۈچۈن قەدەم ئېلىشى لازىم» دەپ قارايتتى.
ئىمام مالىك مەسىلىلەرگە پەتۋا بېرىشتە خاتالىقتىن پەخەس بولاتتى، پەقەت بىلىدىغىنىغا جاۋاب بېرەتتى. ئەگەر مەسىلىدە كەسكىن بىر قاراشقا كېلەلمىسە، «بىلمەيمەن» دەيتتى ۋە شۇ كەلىمەنى خاتالىققا چۈشۈپ قېلىشتىن ساقلىنىدىغان بىر قورغان دەپ قارايتتى. بۇ توغرۇلۇق مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: «بىر ئادەم ئۇنىڭدىن بىر مەسىلە سوراپتۇ ۋە ئۆزىنىڭ شۇ مەسىلە ئۈچۈن مەغرىبتىن ئالتە ئايلىق مۇساپىدىن ئەۋەتىلگەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. مالىك:
— سېنى ئەۋەتكەن كىشىگە ئېيت، مېنىڭ ئۇ توغرىسىدا ئىلمىم يوق، — دەپتۇ. ئۇ ئادەم:
— ئۇنداقتا، ئۇنى كىم بىلىدۇ، — دېگەن ئىكەن، مالىك:
— ئاللاھ بىلدۈرگەن كىشى، — دەپتۇ»(15). يەنە ئەھلى مەغرىبتىن بىر ئادەم ئىمام مالىكتىن بىر سوئال سورىغان ئىكەن، ئىمام مالىك:
— بىلمەيمەن، بىزنىڭ يۇرتتا بۇ مەسىلىگە يولۇقۇپ باقمىدۇق، شەيخلىرىمىزدىن بىرەرسىنىڭمۇ ئۇ توغرۇلۇق ئېغىز ئاچقىنىنى ئاڭلىمىدۇق، لېكىن سەن ئەتە قايتا كەلگەيسەن، — دەپتۇ. ئەتىسى بولغاندا ئۇ ئادەم كەلگەنىكەن، مالىك:
— مەندىن سورىدىڭ، بىراق تېخىچە جاۋابىنى بىلمەيۋاتىمەن، — دەپتۇ. ھېلىقى ئادەم:
— ھەي ئەبۇ ئابدۇللاھ! يەر يۈزىدە سىلىدىنمۇ ئالىمراق بىرسى يوق دەيدىغانلارنى ئارقامدا قالدۇرۇپ كەلدىم، — دېگەنىكەن، مالىك ھېچبىر ئوڭايسىزلانماستىن:
— قايتقىنىڭدا ئۇلارغا مېنىڭ ئۇ دەرىجىدە ئەمەسلىكىمنى ئېيتىپ قوي، — دەپتۇ((16).
ئىمام مالىكنىڭ سۈپەتلىرى
[163] شۈبھىسىزكى، بۇ رۇسلۇق ۋە بۇ ئىلىم ئەۋۋەلەن شەخسنىڭ سۈپەتلىرىدىن، ئاندىن ئۇنى يېتەكلىگەن ئۇستازلىرىدىن ۋە ئۆز دەۋرىدە ئوزۇقلانغان پىكرىي مۇھىتتىن، ئاندىن ئۇنىڭ تىرىشچانلىقلىرىدىن بارلىققا كېلىدۇ. بىز يۇقىرىدا بۇلارنىڭ بەزىسىنى دەپ ئۆتكەن ئىدۇق. بىزنىڭ ئەمدى ئۇنىڭ سالاھىيىتىنى شەكىللەندۈرگەن ئامىل، يەنى ئۇنىڭ ئۆزلۈك سۈپەتلىرى ھەققىدە تەپسىلىي سۆزلىشىمىز كېرەك بولىدۇ. چۈنكى، ئۆزلۈك سۈپەتلىرى يىلتىز بولۇپ، خۇددى دەرەخ شاخلىرى يىلتىزىدىن ئوزۇقلانغىنىدەك، ئۇنىڭدىن باشقا سۈپەتلەر شۇ يىلتىزىدىن ئوزۇقلىنىدۇ. يەر ئاستىغا سوزۇلغان شۇ يىلتىز بولماي، شاخلار مەۋجۇد بولمىغىنىدەك، ئۆزلۈك سۈپەتلىرى بولماي، باشقا سۈپەتلەر مەۋجۇد بولمايدۇ.1. ئاللاھ ئۇنىڭغا كۈچلۈك ئەستە ساقلاش قابىلىيىتى ۋە ئەستە ساقلىغىنىنى ئۇنتۇماي ساقلاش ھەۋىسى ئاتا قىلغان. ئۇ ئىبنى شىھاب زۇھرىيدىن 31 ھەدىسنى يازماي ئاڭلىغان، ئاندىن ئۇنى ئۇستازىغا يادقا ئوقۇپ بەرگەن ۋە بىر ھەدىسنىمۇ ئۇنتۇپ قالمىغان. مالىكنىڭ زامانىدا ئەسكە تايىنىش شۇ دەۋردىكى يادلاش ۋە ئەستە تۇتۇش كۈچىنى قاتتىق ئۆستۈرگەن. ئىلىم كىتابلاردىن ئۆگىنىلمەي، كىشىلەرنىڭ ئېغىزلىرىدىن ئۆگىنىلەتتى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسلىرى تېخى كىتابقا توپلانمىغان ئىدى، بەلكى قەلبلەردە ۋە شەيخلەرنىڭ خۇسۇسىي خاتىرىلىرىدە ئىدى. ئۇ خاتىرىلەرنىمۇ شاگىرتلار قولغا ئالمايتتى، بەلكى ئۇنىڭ ئىچىدىكى مەزمۇنلارنى يازغۇچىسىنىڭ ئاغزىدىن ئۆگىنەتتى.
شەكسىزكى، كۈچلۈك ئەس ھەرقانداق ئىلىمدە يۈكسىلىشنىڭ ئاساسىدۇر. چۈنكى، ئۇ ئالىمنىڭ ئەقلىنى ئوزۇق بىلەن تەمىنلەيدۇكى، بۇ ئوزۇق ئالىمنىڭ پىكرىگە ئاساس بولىدۇ. ئىمام مالىك مۇشۇ كۈچلۈك ئەس بىلەن ئۆز دەۋرىدىكى بىرىنچى مۇھەددىس بولغان. ئۇ ھەقتە ئىمام شافىئىي: «ھەدىسگە كەلگەندە، مالىك يورۇق يۇلتۇزدۇر» دېگەن. مالىكنىڭ شەيخى ئىبنى شىھابمۇ: «ئۇ ئىلىم دېڭىزىدۇر» دېگەن.
ئۇنىڭ يادلىغان ھەدىسلىرى مۇشۇنداق كۆپ تۇرۇپ، كىشىلەرگە پەقەت «سۆزلىسەم مۇشۇنىڭدا پايدا بار» دەپ قارىغان ھەدىسلەرنى سۆزلەيتتى. ئۇنىڭغا:
— ئىبنى ئۇيەينەدە سەندە يوق ھەدىسلەر بار ئىكەن، — دېيىلىۋېدى، ئۇ:
— ئەمىسە، ئاڭلىغان ھەدىسلىرىمنىڭ ھەممىسىنى سۆزلەپ بېرەيمۇ؟! ئۇ چاغدا مەن ئەخمەق بىرى بولۇپ قالمامدىمەن، ئۇ چاغدا كىشىلەرنى ئازدۇرۇپ قويمامدىمەن. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ھەربىرى ئۈچۈن بىردىن قامچا يېسەممۇ سۆزلىمىسەم بولۇپتىكەن دەپ ئارزۇ قىلىدىغان نەچچىلىگەن ھەدىسلەر مەندىن چىقىپ كەتتى، — دېگەن(17).
2. مالىك مۇشۇنداق كۈچلۈك ئەقلىي قۇۋۋەت بىلەن بىرگە، چىدامچان، سەۋرچان ۋە بىر ئىشنى داۋاملاشتۇرۇپ قىلىدىغان زات ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىلىم تەلەپ قىلىش يولىغا توسالغۇ بولۇۋالغان بارلىق ئەگرى – توقايلىقلارنى يەڭگەن ئىدى. ئىلىم ئوقۇۋاتقان چاغدىكى تۇرمۇشنىڭ غورىگىللىقلىرىنى يەڭگەن، ئۇستازلارنىڭ ئىتتىكلىكلىرىنى كۆتۈرگەن ئىدى. ئۇ سەۋر بىلەن ئىسسىق – سوغۇقلاردا ئۇستازلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ كېلەتتى. شاگىرتلىرىنى ئىلىم تەلەپ قىلىشتا سەۋرلىك بولۇشقا ئۈندەيتتى ۋە: «ئىلىم تەلەپ قىلغان ئادەم سەۋرچان بولىدۇ» دەيتتى. ئۆزىنىڭ بىر ئىلىم مەجلىسىدە ئۇلارغا: «پېقىرلىق بېسىۋالسىمۇ، ھەرقانداق ھالەتتە ئىلىمنى ئەلا بىلمىگۈچە، ھېچكىم بۇ ئىلىمدىن كۆزلىگىنىگە يېتەلمەيدۇ» دېگەن.
بۇ سۈپەت ئۇنىڭغا كۈچلۈك ئىرادە ئاتا قىلغان بولۇپ، ئۇ بۇ كەسكىن ئىرادىسى بىلەن ھاياتلىقنىڭ مۈشكىلاتلىرىغا تاقابىل تۇرغان ۋە ئۆزىنىڭ ھاۋايى – ھەۋىسىگە ھاكىم بولغان. نەتىجىدە ئۇنى ھېچبىر ھاۋايى – ھەۋەس كونترول قىلالمىغان ھەمدە ھېچبىر كۈچنىڭ ئالدىدا ئاجىز بولۇپ قالمىغان. ئۇ شۇ ئىرادىسى بىلەن ئىلىمنىڭ ھەر تەرەپلىرىگە ئىچكىرىلەپ كىرگەن ئىدى.
3. ئۇنىڭ قەلبىنى ھېكمەت نۇرى بىلەن يورۇتقان سۈپىتى بولسا ئۇنىڭ ئىخلاسىدۇر. ئۇ ئىلىم تەلەپ قىلىشتا ئىخلاسمەن بولۇپ، ئىلىمنى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن تەلەپ قىلدى ۋە ئۆزىنى ناشايان غەرەزلەر ۋە ھەۋەسلەردىن پاك تۇتۇپ، ھەقىقەت ئىزدەشتە خالىس بولدى، ھەقىقەتكە تۈپتۈز يۈزلەندى. ئىخلاس پىكىرنى يورۇتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن پىكىر تۈز لىنىيەدە ماڭىدۇ، ھالبۇكى تۈز لىنىيە ھەقكە يېتىشنىڭ ئەڭ يېقىن يولىدۇر. پىكىرنىڭ سۈزۈكلۈكىنى ھاۋايى – ھەۋەستىنمۇ بەكرەك دۇغلاشتۇرىدىغان نەرسە يوق. چۈنكى، ھاۋايى – ھەۋەس بۇلۇتقا ئوخشايدىغان بولۇپ، ئەقىلنى ھەقىقەتلەرنى كۆرۈشتىن توسۇۋالىدۇ.
ئىخلاس ئۇنىڭغا ئىلىم نۇرىنىڭ پەقەت قەلبى تەقۋالىققا تولغان كىشىدىنلا ھاسىل بولىدىغانلىقىنى ئۆگەتكەن. ئۇ ئېيتىدۇ: «ئىلىم بىر نۇردۇركى، بۇ نۇر پەقەت تەقۋادار قەلب بىلەنلا ھاسىل بولىدۇ».
ئىلىم تەلەپ قىلىشتىكى ئىخلاسى سەۋەبىدىن، ئۇ شاز پەتۋالاردىن يىراق تۇراتتى، پەقەت ئېنىق ۋە روشەن بولغان دەلىللەر بىلەن پەتۋا بېرەتتى. ئۇ مۇنداق دەيتتى: «ئىشلارنىڭ ياخشىسى روشەن ۋە ئېنىق بولغىنىدۇر. ئەگەر سەن مەلۇم ئىككى ئىش ئارىسىدا شەكتە قالساڭ، كۆڭۈل توختىغانراقىنى تۇت».
مالىك پەتۋادا ئېغىر – بېسىق ئىدى، جاۋاب بېرىشكە ئالدىرىمايتتى. ئىبنى ئابدۇلھەكەم ئېيتىدۇ: «مالىك بىرەر مەسىلە توغرۇلۇق سورالسا، سورىغۇچىغا: ‹قايتىپ تۇر، مەن قاراپ باقاي› دەيتتى. شۇنىڭ بىلەن سورىغۇچى جاۋابسىز قايتىپ كېتەتتى. ئۇنىڭدىن نېمە ئۈچۈن ئۇنداق قىلغانلىقىنى سورىۋېدۇق، ئۇ يىغلاپ كەتتى ۋە: ‹دەھشەتلىك بىر كۈندە بۇ مەسىلىلەر سەۋەبلىك ھېسابقا تارتىلىپ قېلىشىمدىن قورقىمەن› دېدى». ئۇ پەتۋالارنى ئاسان ۋە تەس دەپ ئايرىمايتتى، بەلكى ھالال – ھارامغا چېتىشلىق بولسىلا، پەتۋانىڭ ھەممىسىنى قىيىن ئىش دەپ قارايتتى. ئۇنىڭدىن بىر ئادەم سوئال سوراپ ئۇنىڭغا:
— ئاسانلا مەسىلە، — دېۋىدى، ئۇ ئاچچىقلىنىپ:
— ئاسانلا مەسىلە؟! ئىلىمدە ئاسان نەرسە يوق، سەن ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿إِنَّا سَنُلۡقِي عَلَيۡكَ قَوۡلٗا ثَقِيلًا / بىز ھەقىقەتەن ساڭا ئېغىر بىر سۆزنى تاشلايمىز﴾(73/«مۇززەممىل»: 5) دېگەنلىكىنى ئاڭلىمىدىڭمۇ؟ ئىلىمنىڭ ھەممىسى ئېغىر، بولۇپمۇ قىيامەت كۈنى سوئال – سوراققا تارتىلىدىغان ئىلىم، — دېدى.
ئىخلاسنى چىڭ تۇتقانلىقىدىن ئوچۇق نەس بولمىغان ئەھۋالدا، بۇ ھالال ياكى بۇ ھارام دېمەيتتى. مەلۇم راي يولى بىلەن يەكۈنلەنگەن مەسىلە بولۇپ قالسا، ھالال – ھارام دېمەستىن، «مەكرۇھ كۆرىمەن ياكى ياخشى دەپ قارايمەن» دەيتتى ۋە كۆپىنچە ھالدا «قۇرئان كەرىم»دىن: ﴿إِن نَّظُنُّ إِلَّا ظَنّٗا وَمَا نَحۡنُ بِمُسۡتَيۡقِنِينَ / بىز پەقەت گۇمان قىلىمىز، جەزم قىلالمايمىز﴾(45/«جاسىيە»: 32) دېگەن ئايەتنى ئۈزۈندە قىلىپ كەلتۈرەتتى.
ئۇنىڭ ئىخلاسى ئۇنى ئاللاھنىڭ دىنىدا مۇنازىرىلىشىشتىن يىراق تۇرۇشقا ھەمدە كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ دىنىدا مۇنازىرىلەشمەسلىككە چاقىرىشقا ئۈندىگەن ئىدى. چۈنكى، مۇنازىرە بىر تۈرلۈك ئېلىشىشتۇر. ئاللاھنىڭ دىنى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئېلىشىش ئوبيېكتى بولۇپ قېلىشتىن ئۈستۈندۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇنازىرە كۆپىنچە ۋاقىتلاردا مۇنازىرە قىلغۇچىنى ئۆزىمۇ تۇيماستىن، پىكىر مۇتەئەسسىبلىكىگە ئېلىپ بارىدۇ. مۇتەئەسسىبلىك كىشىنى بىر تەرەپكىلا قارىتىپ قويىدۇ – دە، كىشى پەقەتلا بىر تەرەپنى كۆرىدۇ. ئاندىن ئىمام مالىك مۇنازىرىنى ئالىملارنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىگە لايىق كەلمەيدۇ دەپ قارايتتى. چۈنكى، تاماشىبىن بولغۇچىلار خۇددى بىر – بىرىنى چوقۇشۇۋاتقان خورازلارنى كۆرۈۋاتقاندەك، ئۇلارنى سۆزدە ئەزۋەيلەپ كېتىۋاتقان ھالىتىدە كۆرىدۇ. ئىمام مالىك بۇ ھەقىقەتنى خەلىفە ھارۇن رەشىد بىلەن ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ شاگىرتى ئىمام ئەبۇ يۈسۈفنىڭ ئالدىغا قويغان ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا ھارۇن رەشىد ئۇنىڭغا:
— ئەبۇ يۈسۈف بىلەن مۇنازىرىلەشسىلە، — دېگەندە، ئىمام مالىك:
— ئىلىم دېگەن قوچقار ياكى خوراز سوقۇشتۇرۇشتەك سوقۇشتۇرىدىغان نەرسە ئەمەس، — دېگەن.
ئۇ مۇنازىرىنى يامان كۆرىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭدىن جىق توسقان. ئۇ: «مۇنازىرە ۋە دەتالاش قەلبنى قاتۇرىدۇ، ئۆچمەنلىكنى تۇغدۇرىدۇ» دەيتتى. يەنە: «دىن بارىسىدىكى مۇنازىرە ۋە دەتالاش بەندىنىڭ قەلبىدىن ئىلىمنىڭ نۇرىنى ئۆچۈرىدۇ» دەيتتى.
ئۇنىڭغا:
— سۈننەتتىن ئىلمى بار ئادەم سۈننەتنىڭ تەرىپىنى ئېلىپ مۇنازىرىلەشسە بولامدۇ؟ — دېيىلىۋېدى، ئۇ:
— ياق، بىراق سۈننەتنى يەتكۈزسۇن، ئەگەر قارشى تەرەپ قوبۇل قىلسا، قىلغانچە؛ قوبۇل قىلمىسا، سۈكۈت قىلسۇن، — دېدى. ئۇ يەنە «مۇنازىرە مۇنازىرىلەشكۈچىلەرنى دىننىڭ ھەقىقىتىدىن يىراقلاشتۇرۇۋېتىدۇ» دەپ قارايتتى. بۇ توغرىسىدا ئۇ مۇنداق دېگەن: «ھەرقاچان مۇنازىرىگە يامانراق بىر ئادەم كەلسە، بىز (ھەقىقەتنىڭ كۈچىگە ئەمەس، بەلكى شۇ يامانراقنىڭ كۈچىگە ئىشىنىپ قېلىپ) جىبرىل ئېلىپ كەلگەن ۋەھيىنى تاشلاپ قويدۇق».
ئۇ مۇنازىرىدىن توسىدىغان بولسىمۇ، دەلىل بايان قىلىش ئۈچۈن بەزى ئىخلاسلىق ئالىملار بىلەن مۇنازىرىلىشەتتى ۋە دەلىل ھەققىدە مۇھاكىمە قىلىشاتتى.
ئۇنىڭ دىنغا بولغان ئىخلاسى رەسۇلۇللاھتىن كۆپ ھەدىس سۆزلىمەسلىككە ۋە كىشىلەرگە سۆزلەيدىغان ھەدىسلەرنى تاللاپ سۆزلەشكە ئېلىپ بارغان. بۇنى يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەن ئىدۇق. شۇنداقلا ئۇ ئاز پەتۋا بېرەتتى ۋە كىشىلەر ئارىسىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار ھەققىدە پەتۋا بېرەتتى.
مالىك ۋە قازىلار
[164] ئىمام مالىكنىڭ ئىخلاسى ۋە پاكلىقى قازىلارغا ۋە ئۇلارنىڭ ھۆكۈملىرىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ھەققىدە پەتۋا بەرمەسلىككە ئۈندىگەن. ئۇنىڭ شاگىرتى ئىبنى ۋەھب ئېيتىدۇ: «مەن مالىكنىڭ قازىلارنىڭ ھۆكۈمدە خاتالىشىش ئەھۋالى توغرىسىدا سورالغان سوئالغا: ‹(ئارىلاشمىغان ياخشى) ئارىلاشماسلىق دۆلەتنىڭ مەنپەئەتى جۈملىسىدىندۇر› دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم». شۇڭا، ئۇ قازىلارنىڭ ھۆكۈملىرىنى تەنقىدلىمەيتتى. بۇ، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مەۋقەسىدىن پەرقلىق بىر مەۋقەدۇر. ئىككىلىسى ئۆز يولىدا ئىخلاسلىق ئىدى. ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ فىقھ ۋە دىنغا بولغان ئىخلاسى ئۇنىڭ دەرس مەجلىسىدە قازى ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەبۇ لەيلانىڭ ھۆكمىنى تەنقىدلىشىگە تۈرتكە بولغان. ئاخىرىدا، بۇ قازى ۋالىي ۋە ئەمىرلەرگە شىكايەت قىلىشقا مەجبۇر بولغان. نەتىجىدە ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنى بىر مەزگىل پەتۋادىن چەكلەش بۇيرۇقى چىققان. كىشىلەر بۇ مەزگىلدە ئۇنىڭ چوڭقۇر ۋە ئىنچىكە فىقھىسىدىن مەھرۇم قالغان.ئىخلاس ئىمام مالىكنى قازىلارنىڭ ھۆكۈملىرىگە ئوچۇق – ئاشكارا قارشى چىقماسلىققا ئۈندىگەن ئىدى. چۈنكى، ئۇنىڭ شاگىرتلىرى ۋە دوستلىرىغا ئۇ ھۆكۈملەرنى تەنقىدلەپ بېرىشى كىشىلەرنى ئۇ ھۆكۈملەرگە ئاسىي بولۇشقا جۈرئەتلەندۈرۈپ قويىدۇ – دە، ھۆكۈملەرنىڭ ھەيۋىتى ۋە كاتتىلىقى يوقىلىدۇ. نەتىجىدە نىزالار قۇرۇمايدۇ.
بۇلار ئىخلاس تۈرتكە بولغان ئىككى خىل مەۋقە بولۇپ، ئىككىسى بىر – بىرىگە توقۇنۇشلۇقتۇر. ئىلىم ۋە ھەقىقەتكە بولغان ئىخلاس بىرىنچى مەۋقەگە ئېلىپ بارغان. ئىنتىزام ۋە تەرتىپكە بولغان ئىخلاس ئىككىنچى مەۋقەگە ئېلىپ بارغان.
ئەگەر بىز تاللاپ قالساق، دارۇلھىجرەت ئىمامىنىڭ مەۋقەسىنى تاللىغان بولاتتۇق. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ شۇ مەۋقەسى بىلەن بىرگە، داۋاملىق قازىلارغا نەسىھەت قىلىپ تۇراتتى. ئۇلارنى ئۆزى بىلەن ئۇلار ئارىسىدىكى ئىشلاردا ئىنكار قىلغۇسىز ئوچۇق ھەقكە يېتەكلەيتتى. ئۇ ئۇلارنى ئۇلارنىڭ ھۆكۈملىرىنى كەمسىتمەستىن ۋە تۆۋەن كۆرمەستىن توغرا يولغا باشلايتتى.
ئىمام مالىكنىڭ پاراسىتى
4. ئىمام مالىك ئىشلارنىڭ ئىچىگە، شەخسلەرنىڭ كۆڭۈللىرىگە ئىچكىرىلەپ كىرەلەيدىغان كۈچلۈك پاراسەتكە ئىگە ئىدى. ئۇ كىشىلەرنىڭ كۆڭۈللىرىگە يوشۇرۇۋالغىنىنى ئۇلارنىڭ ئەزالىرىنىڭ ھەرىكەتلىرىدىن ۋە سۆز ئۇسلۇبلىرىدىن بىلىۋالاتتى.
شۈبھىسىزكى، پاراسەت شەخستە ئۇنىڭ سەزگۈسىنىڭ كۈچلۈكلۈكى، قاتتىق ئەقلىي ۋە نەفسىي ئويغاقلىقى، قەلب كۆزىنىڭ ئۆتكۈرلۈكى، ئەزالارنىڭ ھەرىكەتلىرىنى ئىنچىكە تەكشۈرۈش ۋە پىشقان بىر ئەقىلنىڭ كۆپلىگەن تەجرىبىلىرى قاتارلىقلاردىن شەكىللىنىدۇ. ئاشۇلارنىڭ ھەممىسىنى ھەممىنى بىلگۈچى ۋە ھەممىدىن خەبەردار بولغان ئاللاھ ئاتا قىلىدۇ. تەربىيە ئۇنى ئۆستۈرۈپ كۈچلەندۈرىدۇ.
ئىمام شافىئىي ئىمام مالىكنىڭ پاراسىتى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «ئۆز ۋاقتىدا مەدىنەگە يول ئېلىپ مالىك بىلەن ئۇچراشتىم. ئۇ مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلاپ، ماڭا بىرھازا قاراپ كەتتى. ئۇ پاراسەتلىك زات ئىدى، ئاندىن ئۇ:
— ئىسمىڭ نېمە، — دېۋىدى،
— مۇھەممەد، — دېدىم. ئۇ مۇنداق دېدى:
— ئەي مۇھەممەد! ئاللاھقا تەقۋادار بول، مەئسىيەتلەردىن يىراق تۇر، پات يېقىندا سەن چوقۇم بىر شانلىق ئادەم بولىسەن».
شەخسلەرنىڭ كۆڭۈللىرىدىكىنى تېپىۋالىدىغان ئۆتكۈر پاراسەت كىشىلەرنى يېتەكلەش ۋە ئۈگۈت بېرىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىققان ھەربىر كىشىنى يۈكسەكلىككە ئۆرلىتىدىغان سۈپەتلەردىندۇر. چۈنكى، ئۇ شۇ ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ يوشۇرۇن كېسەللىرىنى بىلەلەيدۇ – دە، نەتىجىدە كىشىلەر ھەزىم قىلالىغۇدەك، ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىگە شىپا ۋە ساقلىق بېرەلىگۈدەك پايدىلىق دورا ۋە مۇناسىپ ئوزۇق بېرەلەيدۇ.
ئۇنىڭ ھەيۋىتى
5. پۈتۈن رىۋايەتلەرگە كۆرە، مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ناھايىتى ھەيۋەتلىك كىشى ئىدى، ھەتتا بىر ئادەم ئۇنىڭ مەجلىسىگە كىرىپ، ھازىرلارغا سالام قىلسا، ھەركىم پەقەت تۆۋەن ئاۋازدا پىچىرلاپ تۇرۇپ سالام قايتۇراتتى ۋە كىرگەن كىشىگە گەپ قىلماسلىققا ئىشارەت قىلاتتى. بۇ ئىش كەلگەن ئادەمگە تازا ياقمىسىمۇ، لېكىن ئۇ مالىكنى ۋە ئۇنىڭ تۇرقىنى كۆرۈپلا ھەيرانلىقتا قالاتتى ۋە ئۇنىڭ ئۆتكۈر نەزەرلىرىنىڭ تەسىرى ئاستىغا چۈشۈپ قالاتتى – دە، باشقىلارغا ئوخشاش گويا بېشىدا قۇش باردەك ئۈن – تىنسىز ئولتۇراتتى.
[165] ئۇنىڭدىن مەدىنەنىڭ ۋالىيسىمۇ ھېيىقاتتى، ھەتتا يالغۇز ئۇنىڭ ھۇزۇرىدا ئۆزىنى كىچىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلاتتى. خەلىفەلەرنىڭ بالىلىرىمۇ ئۇنىڭدىن ھېيىقاتتى. ھەتتا رىۋايەت قىلىنىشىچە، بىر قېتىم ئۇ ئەبۇ جەئفەر مەنسۇرنىڭ سورۇنىدا بولۇپ قالدى، توساتتىن بىر گۆدەك بالا چىقىپلا قايتىپ كېتىۋىدى، مەنسۇر:— بۇنىڭ نېمە ئىشلىكىنى بىلەملا، — دېدى. مالىك:
— ياق، — دېگەندىن كېيىن، مەنسۇر:
— بۇ مېنىڭ ئوغلۇم، سىلىنىڭ ئاق چاچلىرىدىن چۆچۈپ كەتتى، — دېدى.
يەنە رىۋايەت قىلىنىدۇكى، خەلىفە مەھدىي ئۇنى ھۇزۇرىغا چاقىردى، ھالبۇكى خەلىفەنىڭ سورۇنى كىشىلەر بىلەن توشۇپ قىستاڭ بولۇپ كەتكەن ۋە ئولتۇرىدىغانغا ھېچ ئورۇن قالمىغان ئىدى. ئىمام مالىك كېلىۋىدى، كىشىلەر ئۇنىڭغا يول ئېچىپ بەردى، ھەتتا ئۇ خەلىفەنىڭ قېشىغىچە كەلدى، ئاندىن خەلىفە ئولتۇرۇۋاتقان ئورنىدىن ئازراق سۈرۈلۈپ، مالىكقا ئورۇن بوشاتتى. مەدىنە فۇقەھائلىرىنىڭ شەيخى ئىمام مالىك ئەنە شۇنداق ھەيۋەتلىك ئىدىكى، ھەتتا ئۇنىڭ ۋالىيلارنىڭ نوپۇزىدىنمۇ چوڭ نوپۇزى بار ئىدى، ئۇنىڭ مەجلىسىنىڭ تاجىدارلارنىڭ مەجلىسىدىنمۇ كۈچلۈك تەسىرى بار ئىدى. ئۇنىڭ زامانىدىكى بەزى شائىرلار ئۇنىڭ ھەققىدە مۇنداق شېئىر ئوقۇغان:
جاۋاب بەرمىسە، جېكىلەتمىگەي ئۇنىڭ ھەيۋىتى
بېشىنى ئېگىپ تۇرار ئالدىدا، سوئال سورىغان
ئەدىبى سۈلكەت ۋە سۇلتانى تەقۋالىق ئىززىتى
ئەمەس سەلتەنەتكە ساھىبۇ ھەممە بويسۇنۇشقان
بۇ ھەيۋەتنىڭ سىرى نېمە؟ شەخسنىڭ قانداق ئەقلىي ۋە جىسمانىي سۈپەتلىرى بولۇپ كەتسۇن، بىز ھەيۋەتنى يالغۇز شۇ سۈپەتلەرگە نىسبەت بېرەلمەيمىز. بەزى كىشىلەردە مۇشۇ سۈپەتلەر ھازىرلانغان بولسىمۇ، بۇ خىل ھەيۋەت تېپىلمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز بۇ ھەيۋەتنىڭ سەۋەبىنى روھنىڭ كۈچى دېيەلەيمىز. بەزى ئادەملەرگە ئاللاھ باشقىلاردا يوق روھىي تەسىرنى ئاتا قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ سايىسىدا ئۇلار كۆڭۈللەرنى ئۆزىگە بوي ئەگدۈرىدۇ، گويا ئۇلار گەپ قىلىۋاتقانلىرىدا كۆڭۈللەرگە قەدەم ئېلىپ كىرىۋاتقاندەك، ئۇلارنىڭ گەپلىرى كۆڭۈللەرگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئاللاھ تائالا ئىمام مالىكقا مۇشۇنداق روھىي كۈچنى ئاتا قىلغان.
ئۇنىڭ پۈتۈن ھاياتى شۇ كۈچ بىلەن ئارتقان، يۈكسەلگەن ۋە روناق تاپقان ئىدى. ئۇنىڭ ھاياتى كەڭ ئۇپۇقلۇق ئەقلىي ھاياتتۇر، مول ئىلىم، سۈلكەت، ئۆتكۈر ئىدراك، گۈزەل تۇرق ۋە ئاز سۆزلەش قاتارلىقلارغا تولغان ھاياتتۇر. ئاز سۆزلەشنىڭ سەۋەبى شۇكى، كۆپ سۆزلەشتىنمۇ بەكرەك كىشىنىڭ ھەيۋىتىنى يوقىتىدىغان نەرسە يوق. كۆپ سۆزلەش ئىنساننى خاتالىققا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. پۈتۈن بۇلار بىلەن بىرلىكتە، مالىك ياغلىمىچىلىقتىن ۋە رىيادىن يىراق ئىدى، تەقۋالىقنى ۋە راستچىللىقنى چىڭ تۇتاتتى. ئۇ تاشقى كۆرۈنۈشكىمۇ كۆڭۈل بۆلەتتى، ئۆينىڭ سەرەمجانلىرى ۋە كىيىملىرىگە كۆڭۈل بۆلەتتى، ئەڭ گۈزەل كىيىملەرنى كىيەتتى، كىيىملەرنىڭ پاكىزلىقى ۋە رەتلىك بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرەتتى. بەدىنى قاۋۇل بولۇپ، ئالاھىدە بەدەن كۆرۈنۈشىگە ئىگە ئىدى. ئۇنىڭ شاگىرتلىرىنىڭ بىرى ئۇنى سۈپەتلەپ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ ئېگىز ۋە گەۋدىلىك، بېشى يوغان، چېچى ۋە ساقىلى ئاپئاق، ئىككى كۆزى كەڭرى، شەكلى گۈزەل، قاڭشارلىق ۋە يوغان ساقاللىق ئىدىكى، ساقىلى مەيدىسىگە كېلەتتى، ساقىلى كەڭ ۋە ئۇزۇن ئىدى. بۇرۇتىنىڭ ئەتراپىنى ئېلىۋېتەتتى، چۈشۈرمەيتتى ھەم بەكمۇ قىسقارتىۋەتمەيتتى، بۇرۇتنى چۈشۈرۈۋېتىشنى ئەيىبناقلىق دەپ سانايتتى، بۇرۇتىنىڭ ئىككى ئۇچىنى ئۇزۇن قالدۇرۇپ قوياتتى. ئۇ بۇ توغرۇلۇق سورىلىپ قالسا، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بىرەر ئىشقا غەم قىلغىنىدا بۇرۇتىنى تولغايدىغانلىقىنى دەلىل قىلاتتى»(18).
ئۇنىڭ جىسمانىي ۋە ئەقلىي سۈپەتلىرى، ئەخلاقى ۋە ئەھۋاللىرى ئەنە شۇنداق ئىدى. تەبىئىيلا، ئۇنىڭ بۇ تەرەپلىرى ئۇنىڭ ھەيۋىتىنى ئاشۇرغان ئىدى. ئۇنىڭ ھەيۋىتى پادىشاھلارنىڭ ھەيۋىتىدىنمۇ ئۈستۈن چەككە يەتكەن. ئۇنىڭ قېشىغا بەزى ئەندەلۇسلۇق كىشىلەر كىرىپ، ئۇنى كۆرگەندىن كېيىن مۇنداق دېگەن: «مەن ئابدۇرراھمان ئىبنى مۇئاۋىيە (يەنى ئەندەلۇس ئەمىرى ئابدۇرراھمان داخىل) نىڭ ھەيۋىتىدىن قورققىنىمدەك ھېچكىمنىڭ ھەيۋىتىدىن قورقمىغان ئىدىم، مالىكنىڭ قېشىغا كىرىپ، ئۇنىڭ ھەيۋىتىدىن شۇ دەرىجىدە قاتتىق قورقتىمكى، ئۇنىڭ ھەيۋىتى ئالدىدا ئىبنى مۇئاۋىيەنىڭ ھەيۋىتى ھېچنېمە ئەمەسكەن».
ئىمام مالىكنىڭ تۇرمۇشى ۋە رىزقى
[166] تەرجىمىھال ۋە تارىخ كىتابلىرى مالىكنىڭ ئىلىم تەلەپ قىلىۋاتقان مەزگىللىرىدىكى رىزىق مەنبەلىرىنى ھەم ئائىلىسىنىڭ رىزىق مەنبەلىرىنى تولۇق ۋە ئوچۇق بايان قىلمىغان. لېكىن، چېچىلاڭغۇ ئۇچۇرلارنىڭ ئومۇمىسى گەرچە روشەن ۋە ئېنىق بولمىسىمۇ، ئۇنىڭ رىزىق مەنبەلىرىنى ئېچىپ بەرگەن.ئالىملارنىڭ تىلغا ئېلىشىچە، ئۇنىڭ دادىسى ئوق ياساش كەسپى بىلەن شۇغۇللىناتتى، لېكىن ئاتا ئوغلىنى ئۇ كەسىپتە تەربىيەلىمىگەن، بەلكى ئوغلى تاغىلىرى ۋە ئاكىسىدەك ھەدىس رىۋايەت قىلىشقا يۈزلەنگەن. ئۇنىڭ ئاكىسى ھەدىس ئۆگەنگۈچى ۋە ھەدىس رىۋايەت قىلغۇچىلاردىن بولۇش بىلەن بىللە، تارىخچىلار دېگەندەك يەنە يىپەك سودىگەرلىرىدىن ئىدى. مالىك ئاكىسىنىڭ تىجارىتىگە ياردەملىشەتتى. بۇ ئىش ئۇنى ئىلىم بىلەن مەشغۇل بولۇشتىن توسۇپ قويالمىغان. ئالىملارنىڭ تەكىتلىشىچە، مالىكنىڭمۇ بىر تىجارىتى بار ئىدى.
ئۇنىڭ شاگىرتى ئىبنى قاسىم ئېيتىدۇ: «مالىكنىڭ 400 دىنارى بار ئىدى، شۇنىڭ بىلەن تىجارەت قىلاتتى ۋە شۇنىڭ بىلەن تۇرمۇشىنى قامدايتتى»(19).
ئۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلار قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، شۇنىسى ئېنىقكى، ئىمام مالىك ئىلىم تەلەپ قىلىۋاتقان جەرياندا يوقسۇز ياشىغان. كېيىن ئىلىمدە كامالەتكە يېتىپ، ئۇنىڭ ئىلمىي شان – شەرەپلىرى خەلىفەلەر ۋە ۋالىيلارنىڭ قۇلىقىغا يەتكەن ۋە ئارتۇقچىلىقلىرى جاھانغا تارالغان چاغدا، ئاللاھ ئۇنىڭغا كەڭ تۇرمۇش ئاتا قىلغان. چۈنكى، ئۇ خەلىفەلەرنىڭ ئاتا – ئېھسانلىرىنى قوبۇل قىلاتتى، خەلىفەلەردىن تۆۋەن كىشىلەرنىڭ ئاتا ئېھسانلىرىنى قوبۇل قىلمايتتى. ئۇنىڭدىن خەلىفەلەرنىڭ ماللىرىنى قوبۇل قىلىپ، باشقىلارنىڭكىنى قوبۇل قىلماسلىقىنىڭ سەۋەبى سورالغاندا، ئۇ: «خەلىفەلەرگە كەلسەك، ئۇلارنىڭ بەرگىنىدە شەك يوق (يەنى چاتاق يوق)، ئۇنىڭدىن تۆۋەن كىشىلەرگە كەلسەك، ئۇنىڭدا ئازراق شەك بار» دېگەن.
بەزى كىشىلەر ئۇنىڭ ھەدىيە قوبۇل قىلىش قېتىم سانىنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ياكى ئۇنىڭ قوبۇل قىلغان ھەدىيەلىرىنىڭ مىقدارىنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ھەتتا شۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ھارۇن رەشىد ئۇنى ئۈچ مىڭ دىنار بىلەن مۇكاپاتلىغان. ئۇنىڭغا: ئەي ئەبۇ ئابدۇللاھ! مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرىدىن ئۈچ مىڭ دىنارمۇ ئالامسەن؟! دېيىلگەندە، ئۇ: «ئەگەر ئۇ ئادىل ئىمام بولسا ھەمدە مۇرۇۋۋەتلىك كىشىلەر ئىنساپ قىلسا، ‹ئۇنىڭدا بىرەر چاتاق بار› دەپ قارىمايمەن» دېگەن.
بۇ شۇنى ئىپادىلەيدۇكى، مالىك ھەدىيەلەرنى پەقەت مۇرۇۋۋەتلىكلەرنىڭ ئىنساپى ئۈچۈن ۋە ئۇلارنىڭ مۇرۇۋۋىتىنى ئۇلاردەكلەرگە لايىق كەلمەيدىغان بېخىللىق ۋە باشقا سۈپەتلەردىن ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قوبۇل قىلاتتى. ئۇ بۇ ھەدىيەلەر بىلەن موھتاجلارنىڭ ھاجىتىنى قامدايتتى ۋە ئۇنى ئۆزىنى پاناھ تارتىپ كەلگەن تالىبۇلئىلىملەرگە خەجلەيتتى. ئۇنىڭ شاگىرتلىرىدىن بىر بۆلۈكى ئۇنىڭ يېنىدىن ئورۇن ئېلىپ، ئۇنىڭ سايىسىدا ياشايتتى. ئىمام شافىئىي شۇلاردىن بىرى ئىدى. ئۇ توققۇز يىل ئىمام مالىكنىڭ قانىتى ئاستىدا ياشىغان. مالىكتىن بۇرۇنقى بەزى ساھابەلەرمۇ خەلىفەلەردىن ھەدىيە ئالغان، ھەتتا ئۇلاردىن نېمە ئۈچۈن ئالىدىغانلىقى سورالغاندا، ئۇلار: «تائام بىزنىڭ، گۇناھ ئۇلارنىڭ» دېگەن.
[167] شۈبھىسىزكى، ئالىملارنىڭمۇ بەيتۇلمالدا ھەققى بار. چۈنكى، ئۇلار ئۆزلىرىنى ئىلىم خىزمىتىگە ۋە كىشىلەرنى يېتەكلەشكە ئاتىدى، شۇڭا بەيتۇلمال چىرايلىقچە ئۇلارغا ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە يېتەرلىك خىراجەت بېرىشى كېرەك. ئىمام مالىك ئۆزى خەلىفەلەرنىڭ ھەدىيەلىرىنى ئالىدىغان بولسىمۇ، باشقىلارنى ئۇنىڭدىن توساتتى. چۈنكى، ئۇ باشقىلار كۆڭۈللىرىگە پۈكەلمەيدىغان بىر نىيەتنى كۆڭلىگە پۈكەتتى. چۈنكى، ئۇ ھەدىيەلەرنى ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا خىزمەت قىلىدىغان بىر ئىش ئۈچۈن ئالاتتى، باشقىلار بولسا ھەدىيەلەرنى ئۇنداق بىر ئىش ئۈچۈن ئېلىشى ناتايىن ئىدى. لېكىن، ئۇ دەتالاش بولۇپ قالمىسۇن دەپ، بۇ تەرىپىنى باشقىلارغا دېمەيتتى. ئۇ ھەقتە سورىغان بەزى كىشىلەرگە:— ئۇنى ئالما، — دېۋىدى، ئۇ كىشى:
— سەن ئالىسەنغۇ، — دېدى. ئۇ:
— سەن ئۆزۈڭنىڭ گۇناھىنى ئۈستۈڭگە ئېلىش بىلەن بىرگە، مېنىڭ گۇناھىمنىمۇ ئۈستۈڭگە ئېلىشنى خاھلامسەن، — دېدى.
ئاللاھ تائالا مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ياخشى رىزىق بېرىپ، تۇرمۇشىنى باياشات قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ ھەربىر كۆرۈنۈشىدە، يېمەك – ئىچمىكى ۋە كىيىم – كېچىكىدە، تۇرالغۇسىدا نېئمەتنىڭ ئەسەرلىرى كۆرۈلدى. چۈنكى، ئۇ: «ئاللاھ بىر ئىنسانغا نېئمەت بەرسە، ئۇنىڭدا ئاللاھنىڭ نېئمىتىنىڭ ئەسەرى كۆرۈلمەسلىكىنى ياقتۇرمايمەن، بولۇپمۇ ئەھلى ئىلىملەردە» دەيتتى.
ئۇ يېمىكىگە كۆڭۈل بۆلەتتى، قۇرۇق نان يېمەيتتى، تۆۋەن تۇرمۇش بىلەن كۇپايىلىنىپ قالماي، چېكىدىن ئاشماستىن ياخشى تۇرمۇش ئىزدەيتتى، ھەر كۈنى ئىككى دەرھەملىك گۆش يېيىشكە ئامراق ئىدى. ئۇنىڭ دەۋرىدە گۆش ئەرزان بولغاچقا، ئۇ ئاز مىقدارمۇ ئەمەس. تاماققا زوقى بار ئىدى، ياخشى ئەتىرنى تاللاپ ئىشلىتەتتى، بانانغا ئامراق ئىدى. بۇ ھەقتە ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «باناندىنمۇ بەكرەك جەننەتنىڭ مېۋىسىگە ئوخشايدىغان نەرسە يوق، قىشتىمۇ، يازدىمۇ تاپالايسەن. ئاللاھ تائالا: ﴿أُكُلُهَا دَآئِمٞ وَظِلُّهَاۚ / جەننەتنىڭ مېۋىلىرى ۋە سايىسى دائىم باردۇر﴾(13/«رەئد»: 35)».
ئۇ يەنە كىيىم – كېچىكىگە كۆڭۈل بۆلەتتى، ئاق كىيىمنى تاللايتتى ۋە ئېسىل كىيىملەرنى تاللايتتى. «تەرتىيبۇل مەدارىك»دا كېلىشىچە: «ئۇ قىممەت باھالىق ئەدەن كىيىملىرى ياكى خۇراسان ۋە مىسىر كىيىملىرىنى كىيەتتى»(20). ئۇ كىيىمنى تاللاپ كىيىشكە كۆڭۈل بۆلگەندەك، كىيىملىرىنىڭ پاكىزلىقىغىمۇ كۆڭۈل بۆلەتتى.
ئۇ يەنە تۇرالغۇسىغىمۇ كۆڭۈل بۆلەتتى. ئۇنىڭ تۇرالغۇسى ئېسىل سەرەمجانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بارلىق راھەت – پاراغەت سەۋەبلىرى بار ئىدى. ئۆينىڭ ھەممە تەرەپلىرىدە رەت – رەت تىزىلغان ياستۇقلار بار ئىدى، قۇرەيشلىكلەر، ئەنسارلار ۋە يۈز – ئابرۇيلۇق كىشىلەر ئۇنىڭ قېشىغا كەلگەندە شۇ ياستۇقلارنىڭ ئۈستىدە ئولتۇراتتى.
[168] ئۇ ھەربىر كۆرۈنۈشىدە گۈزەل سىياقتا كۆرۈنەتتى، دائىم خۇش پۇراق ئىشلىتەتتى ۋە ئۆزىنى بېزەپ تۇراتتى. «تەرتىيبۇل مەدارىك»تا دېيىلىشىچە، ئۇ كىشىلەرگە ھەرگىزمۇ ساڭگىل – سۇڭگۇل كىيىملەر بىلەن كۆرۈنمەيتتى. بۇ ھەقتە مۇنداق دېيىلگەن: «مالىك تاڭ ئاتسا، كىيىملىرىنى كىيىپ، سەللە ئورىۋالاتتى، ئۇنىڭ ئەھلىدىن ۋە دوستلىرىدىن ھېچكىم ئۇنى سەللىلىك ھالىتىدىن باشقا ھالەتتە كۆرمەيتتى. ھېچكىم ئۇنىڭ كىشىلەر كۆرىدىغان يەردە يېگەن – ئىچكەنلىكىنى زىنھار كۆرۈپ باقمىغان»(21).بىراۋ ئېيتىشى مۇمكىن: بۇ نازۇنېئمەتلىك تۇرمۇش دىندارلارنىڭ زاھىدلىق ۋە دۇنيانىڭ لەززەتلىرىدىن يۈز ئۆرۈش ئادەتلىرىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ ۋە يەنە دىندار ئادەمدە بولۇشقا تېگىشلىك قەلبكە كۆڭۈل بۆلۈش، تاشقى كۆرۈنۈشكە قارىغاندا ئىچكى كۆرۈنۈشكە ئەھمىيەت بېرىش…لارغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. بۇ خىل ھايات سۇلتان ۋە ئەمىرلەرنىڭ ھاياتىغا بەكرەك يېقىندۇر، ماددىي تەرەپكە يۈزلەنمەي، مەنىۋىيىتىنى يۈكسەلدۈرۈشنى ئەڭ چوڭ غايىسى قىلغان ئالىملار ۋە دىندارلارنىڭ ھاياتىغا يېقىن كەلمەيدۇ.
بۇ گەپ قارىماققا توغرىدەك كۆرۈنىدۇ، لېكىن ئىمام مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھاياتى ۋە ئەتراپىدىكى مۇھىتقا چوڭقۇر نەزەر سالساق، بىزگە شۇ ئايان بولىدۇكى، ئۇ بۇ خىل ھاياتلىقتىن ھەشەمەتچىلىكنى ياكى چوڭچىلىقنى مەقسەت قىلمىغان، بەلكى ئۇنىڭدىن روھىي يۈكسەكلىكنى ۋە پۈچەك ئىشلاردىن يىراق تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. ئەقلىي ۋە ئىلمىي ھاياتىدا ئۇ نەرسىلەردىن پايدىلىنىشنى مەقسەت قىلغان.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوزۇقلىنىش ئېلېمېنتلىرىنى تولۇقلىمىغان ئادەمنىڭ نېرۋىلىرى ساغلام بولمايدۇ، بەلكى كۆڭلى قالايمىقان، پىكرى قالايمىقان بولىدۇ، كۆپىنچە ھالدا تەپەككۇرنىڭ ناچار بولۇشى ناچار ئوزۇقلىنىشتىن بولىدۇ. ئاللاھ بىزگە ئۆزى ھالال قىلغاننى ھارام قىلماسلىققا بۇيرۇغان. زىننەتلىنىش، مادامىكى ئۇنىڭغا چوڭچىلىق ئارىلىشىپ قالمىسىلا، ياخشى ئىشتۇر. ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن ئېيتقانكى: ﴿قُلۡ مَنۡ حَرَّمَ زِينَةَ ٱللَّهِ ٱلَّتِيٓ أَخۡرَجَ لِعِبَادِهِۦ وَٱلطَّيِّبَٰتِ مِنَ ٱلرِّزۡقِۚ / ئېيىتقىنكى، «ئاللاھ بەندىلىرى ئۈچۈن ياراتقان لىباسلارنى، شېرىن، پاك رىزىقلارنى كىم ھارام قىلدى؟»﴾(7/«ئەئراف»: 32).
شۈبھىسىزكى، زاھىدلارنىڭ ئەڭ زاھىدى مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ياخشى تائاملارنى تاللايتتى، ئەمما ئىزدەپ يۈرۈشكە ھېرىس ئەمەس ئىدى.
شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، ئىمام مالىك بۇ خىل كەڭتاشا تۇرمۇش كەچۈرۈش بىلەن بىرگە، ئۆزىگە بېكىتىلگەن بىرەر خىزمەتتىن كەلگەن ياكى كەسىپ قىلىۋاتقان كۈنلەردىكى رىزىق مەنبەسىدىن كەلگەن، ياكى خەلىفەلەرنىڭ مۇكاپاتلىرىدىن كەلگەن ھەرقانداق نەرسىنى (فىي سەبىلىللاھ) نەپىقە قىلىۋېتەتتى، ھەتتا ئۇ ئىجارە ئۆيدە ئولتۇراتتى، ئۇنىڭ ئىگىدارلىق قىلىدىغان ئۆيى يوق ئىدى. بەلكىم ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ دەسلىپىدە مىراسخورلۇق قىلغان بىرەر ئۆيى بولسا، كېيىن ئۇنى سېتىۋەتكەن بولسا كېرەك.
ئۇنىڭ ھۆكۈمدارلار بىلەن بولغان ئالاقىسى
[169] ئۇمەۋىيلەرنىڭ پارلاق كۈنلىرىدە ياشىغان ئىمام مالىك كېيىنچە بۇ دۆلەتنىڭ چۆكۈشى ۋە ئابباسىيلار دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇپ كۈچىيىشىگە شاھىد بولغان. بۇ ئىككىلى دۆلەت خىلافەت نامى بىلەن ھۆكۈم سۈرگەن ئىدى. ئەسلىدە ئىككىلى دۆلەتكە ئاتىدىن بالىغا مىراس قالىدىغان مۇستەبىت بىر پادىشاھلىق ھۆكۈم سۈرگەن. خىلافەت بىلەن پادىشاھلىق ئوتتۇرىسىدىكى پەرق چوڭدۇر. چۈنكى، خىلافەتنىڭ ئاساسى كېڭەش (شۇرا) دۇر، مىراسخورلۇق شەكلىدىكى مۇستەبىت پادىشاھلىقتا ھېچبىر كېڭەش يوق. لېكىن، ئىمام مالىكقا پەقەت مۇشۇ پادىشاھلىق ھاكىمىيەتنى كۆرۈش نېسىپ بولغان. ئۇ ئۆز دەۋرىدە يۈز بەرگەن فىتنەلەرنى كۆرگەن، خاۋارىجلارنىڭ فىتنەلىرىنى كۆرگەن، ئاندىن ھىشام ئىبنى ئابدۇلمەلىكنىڭ دەۋرىدىكى فىتنەلەرنى، ئۇنىڭدىن كېيىنكى فىتنەلەرنى، ئاندىن پادىشاھلىقنىڭ ئابباسىيلارغا يۆتكىلىشىنى كۆرگەن.ئۇ ھاياتىدا مۇنۇ ئىككى ئىشنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن بولۇپ، بۇ ئىككى ئىش ئۇنىڭ بىر كۆزقارىشىنى شەكىللەندۈرگەن.
بىرىنچى ئىش: فىتنەلەردە ساناقسىز ئۇۋالچىلىقلار يۈز بېرەتتى. چۈنكى، فىتنەلەردە قالايمىقانچىلىق ئومۇملىشىپ كېتىدۇ. بىر سائەتلىك قالايمىقانچىلىقتا بىر يىللىق مۇستەبىتلىكتە يۈز بەرمەيدىغان ئۇۋالچىلىقلار يۈز بېرىپ كېتىدۇ.
ئىككىنچى ئىش: كېڭەش سايلىمى بىلەن سايلانمايمۇ، گاھىدا ئادىل ھۆكۈمدار چىقىپ قالىدۇ ۋە دۆلەتنى ئىسلاھ قىلىدۇ. ئىمام مالىك ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزنىڭ ھاكىمىيىتىنى ۋە ئۇنىڭ مۇستەبىتلەرنىڭ ئىستىبدات ئاتموسفېراسىدا قانداق رەھمەت شامىلى بولغانلىقىنى كۆرگەن. ئۆمەر ھەقىقەتەن ئۇۋالچىلىقلارنى توسۇپ، كىشىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ جەمەتىدىكى ھەقلىرىنى ئېلىپ بەرگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىمام مالىك ئۇنىڭ ھاكىمىيىتىنى ئادىل ھاكىمىيەتنىڭ مىسالى دەپ قارىغان. ئابباسىيلارنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە ئۇنىڭدىن ئابباسىيلارغا قارشى چىققۇچىلار ھەققىدە: «ئۇلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ جەڭ قىلىش كېرەكمۇ؟ ياكى خەلىفە بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ جەڭ قىلىش كېرەكمۇ؟» دەپ سورالغاندا، ئۇ: «ئەگەر ئۇلار ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزدەك بىر كىشىگە قارشى چىقسا، ئۇلارغا قارشى جەڭ قىل، ئۇنداق بولمىسا، ئۇلارنى ئۆز مەيلىگە قوي. ئاللاھ زالىم ئارقىلىق زالىمدىن ئىنتىقام ئالىدۇ، ئاندىن ئىككىلىسىدىن ئىنتىقام ئالىدۇ» دېگەن.
شۇ جەھەتتىن، ئىمام مالىك ئەمەلىي سىياسەتتىن يىراق تۇرغان، ئۆكتە قوپقۇچىلاردىنمۇ بولمىغان ۋە ھۆكۈمدار تەرەپتىمۇ بولمىغان. ھېچقانداق بىر فىتنەگىمۇ دەۋەت قىلمىغان ۋە ھېچبىر زالىمغىمۇ يانتاياق بولمىغان. ھاكىمىيەتنىڭ ھەددىدىن ئېشىپ مۇستەبىت بولغانلىقىنى كۆرسە، بۇنى خەلق ھالىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى دەپ قارايتتى. چۈنكى، خەلق ئۆزى ئادىل بولۇپ ئۆزىنىڭ ھەقلىرىنى تونۇسا ۋە مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلسا، ھۆكۈمدارلارنى نازارەت قىلسا، ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسسا ۋە خەلقنىڭ ئۇلۇغۋار ئومۇمىي بىر پىكرى بولسا، ھېچبىر زالىم مۇستەبىت مۇستەبىتلىك قىلالمايدۇ. «سىلەر قانداق بولساڭلار، سىلەرگە شۇنداق ئادەم باش قىلىنىدۇ»، ﴿إِنَّ ٱللَّهَ لَا يُغَيِّرُ مَا بِقَوۡمٍ حَتَّىٰ يُغَيِّرُواْ مَا بِأَنفُسِهِمۡۗ / ھەرقانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگۈچە (يەنى ئاللاھنىڭ بەرگەن نېئمەتلىرىگە تۇزكورلۇق قىلىپ گۇناھلارغا چۈممىگىچە) ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ﴾(13/«رەئد»: 11).
ئىمام مالىك باشچىلىقىدىكى كۆپىنچە فۇقەھائنىڭ قاراشلىرى شۇكى، بىرەر فىتنە تۈپەيلى زالىم ھاكىمغا قارشى چىقىش توغرا بولمايدۇ، لېكىن ئۇنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىدۇ. ئەگەر ئۈممەت فىتنە ۋە ئىسيان چىقارمىغان ئاساستا زالىم ھۆكۈمدارنى ئۆزگەرتىشكە ھەرىكەت قىلمىسا، پۈتۈن ئۈممەت گۇناھكار بولىدۇ. فىتنە ۋە ئىسيان چىقارماسلىقنىڭ سەۋەبى، فىتنە قالايمىقانچىلىقىدا ھەق سۆزگە قۇلاق سېلىنمايدۇ، ھاۋايى – ھەۋەس ھاكىم بولىدۇ، گۇناھسىز ۋە گۇناھكار دېمەي قىلىچ تېگىپ كېتىدۇ. شۇڭا، بۇنداق چاغدا مۇئمىنگە ئەڭ يارىشىدىغىنى قىلىچىنى تاشقا ئۇرۇپ سۇندۇرۇۋېتىشتۇر.
[170] شۇ جەھەتتىن، ئالىملار زۇلۇم دەۋرلىرىدە خەلقنى يېتەكلەش، خەلقكە ھەق دىنىنى ئۆگىتىش، خەلقنىڭ ۋىجدانى ۋە غۇرۇرىنى تەربىيەلەش قاتارلىقلارغا يۈزلەنگەن ئىدى. ئەنە شۇ ئىززەت تېپىشنىڭ يولىدۇر. ئالىملار پۇرسەت بولسىلا ھاكىملارنى توغرىغا يېتەكلەشكە، ئەگەر ھەقنىڭ ئاۋازى ئۆچىدىغان ئىش بولسا، قارشى مەيداندا تۇرۇشقا يۈزلەنگەن. ئەگەر مۇئمىنلەرنىڭ ھەممىسى زالىملارغا قارشى مەيداندا تۇرسا ئىدى، بۇ زالىملار زۇلۇملىرىنى داۋاملاشتۇرالمايتتى، ئازغۇنلۇقىدا ئەزۋەيلىيەلمەيتتى، لېكىن كۆپىنچە ئەھۋالدا، بەلكى ھەممە ئەھۋالدا، ئۇلار پۈتۈن ئىشلىرىدا ئۆزلىرىنى قوللايدىغان ۋە ئۆزلىرىنىڭ زۇلۇملىرىنى ئادالەت دەپ، بۇزۇقچىلىقلىرىنى ئىسلاھات دەپ، خەلقنى قان قۇستۇرۇشلىرىنى خەلقنى ھۆرمەتلىگەنلىك ۋە ئىززەتلىگەنلىك دەپ ئاتايدىغان ئادەملەرنى تاپىدۇ.چەككەن ئەزىيەتلىرى
[171] مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ فىتنەلەردىن ئۇزاق تۇرۇپ، ئۇنى قوللاشقا ئۇنىمىغان بولسىمۇ، ئابباسىيلارنىڭ ئىككىنچى خەلىفەسى ئەبۇ جەئفەر مەنسۇرنىڭ دەۋرىدە ئۇنىڭ بېشىغا قاتتىق ئەزىيەتلەر كەلگەن. تارىخچىلار بىردەك ئۇشبۇ ئۇلۇغ ئالىمنىڭ بېشىغا ئەزىيەتلەرنىڭ كەلگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن بولۇپ، كۆپىنچە راۋىيلار بۇ ئەزىيەتلەرنىڭ ھ. 146 – يىلى كەلگەنلىكىنى ئېيتقان. تارىخچىلار بۇ ئەزىيەتكە يولۇقۇشنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ئوخشىمىغان پىكىردە بولغان. بەزىلىرى: «ئۇنىڭ سەۋەبى، مالىك نىكاھى مۇتئەنى ھارام دەپ پەتۋا بېرەتتى» دېگەن. نىكاھى مۇتئە دېگەنلىك مەلۇم ھەق بەدىلىگە ئەر كىشىنىڭ ئايال كىشى بىلەن مەلۇم مۇددەت ياشىشىغا رۇخسەت قىلىدىغان ۋاقىتلىق كېلىشىم بولۇپ، ئىش ھەققى مۇددەتكە ۋە ئايال كىشىنىڭ ھالىغا مۇناسىپ بولىدۇ، ئەگەر ئايال كىشى كىچىككىنە بىر مۇددەت ئەرگە بويسۇنۇشتىن باش تارتسا، ئىش ھەققى كېمەيتىلىدۇ. بۇ تامامەن ئىجارىگە ئوخشايدۇ. ئىمام مالىك ئۇنى ھارام دەپ پەتۋا بەرگەن بولسا، بۇ پەتۋاسى ئۈچۈن جازالانغان بولىدۇ. چۈنكى، مەنسۇرنىڭ بوۋىسى بولغان ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ ئۇ نىكاھنى ھالال سانايدىغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان… بۇ سەۋەب بولۇشقا يارىمايدۇ. چۈنكى، مەنسۇرنىڭ مۇتئەنى مۇباھ سانايدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپىنچە راۋىيلارنىڭ رىۋايەتىگە كۆرە، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانى ئۇنىڭ شۇ قارىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ تاغىسىنىڭ ئوغلى ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەيىبلىگەندىن كېيىن بۇ قارىشىدىن يانغان.يەنە بەزىلىرىنىڭ دېيىشىچە، ئۇنىڭ سەۋەبى، ئۇ ھەزرىتى ئوسماننى ئىمام ئەلى كەررەمەللاھۇ ۋەجھەھۇدىن ئارتۇق كۆرگەن. شۇنىڭ بىلەن ئەلەۋىيلەر ئۇنى ھاكىمغا چاققان. بۇمۇ سەۋەب بولالمايدۇ. چۈنكى، ئىمام مالىكنىڭ بېشىغا ئەزىيەت كەلگەن چاغدا، ھ. 145 – يىلى (ئەلەۋىيلەردىن) مۇھەممەد نەفسۇززەكىييە مەدىنەدە، ئۇنىڭ قېرىندىشى باغدادتا قارشىلىق چىقارغانلىقى ئۈچۈن، مەنسۇر ئەلەۋىيلەرگە ئۆچ ۋە ئۇلاردىن نارازى ئىدى.
بىز «ئەقىلگە ئۇيغۇن» دەپ قارىغان سەۋەب شۇكى، ئىمام مالىك «لَيْسَ عَلَى الْمُسْتَكْرَهِ يَمِيْنٌ / مەجبۇرلانغۇچىنىڭ قەسىمى قەسەم ئەمەس»(22) دېگەن ھەدىسنى سۆزلەيتتى. نەفسۇزەكىييە بىلەن بىرلىكتە مەنسۇرغا قارشى چىققان ئەلەۋىيلەر «مەنسۇر بەيئەتنى مەجبۇرلاپ ئالدى» دەپ دەۋا قىلغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ھەدىس بەيئەتنى بىكار قىلىش ئۈچۈن ۋاسىتە قىلىنغان. نەتىجىدە مەدىنەنىڭ ۋالىيسى مەنسۇرنىڭ نامى بىلەن ئىمام مالىكنى بۇ ھەدىسنى سۆزلەشتىن چەكلىگەن، ئاندىن ھىيلىگەرلىك بىلەن ئىمام مالىكنىڭ قېشىغا ئۇ توغرۇلۇق سوئال سوراتقۇزۇپ ئادەم كىرگۈزگەن. ئىمام مالىك خالايىق ئالدىدا ئۇشبۇ ھەدىسنى سۆزلىگەن. ئۇندىن باشقا، دارۇلھىجرەتنىڭ ئىمامى مالىكقا ئورەك كولاپ، ئۇنى مەنسۇرنىڭ ۋە ئۇنىڭ دۆلىتىنىڭ دۈشمىنى قىلىپ كۆرسىتىدىغان ئادەملەرمۇ بار ئىدى.
دېمەك، رىۋايەت قىلىنغان ئۇشبۇ ھەدىسكە قارىتا ئىككى خىل قاراش بولغان. بىرىنچى قاراش رەھبەر ۋە سىياسىيونلارنىڭ ھەمدە دائىم ئۇلارنىڭ يېنىدىن چىقالمايدىغان مۇناپىقلارنىڭ قارىشى. بۇلار ئىمام مالىكنى ئۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە قارشى تەشۋىقاتنى راۋاجلاندۇرۇۋاتىدۇ ۋە ئۆكتىچىلەر ئۆكتە قوپقان چاغدا، ئۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلىپ ئۇلارغا ماسلىشىۋاتىدۇ دەپ ئويلىغان. ئىككىنچىسى ئىمامنىڭ قارىشى. ئۇ بۇ ھەدىسنى شۇ توغرۇلۇق سورالغان چاغدا رىۋايەت قىلىپ بەرگەن. چۈنكى، ئۇنى رىۋايەت قىلغانلىق رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسىنى تارقاتقانلىق ۋە ئىلىمنى يايغانلىقتۇر، ئىلىمنى يوشۇرۇشتىن ساقلانغانلىقتۇر. ئۇ بۇ جەھەتتە ھېچنېمىگە پەرۋا قىلمايتتى، ئەگەر ئۇ بۇنىڭدىن باش تارتسا، ئۆزىنى رەسۇلۇللاھنىڭ ئېلىپ كەلگىنىنى يوشۇرغان گۇناھكار ھېسابلايتتى. ھالبۇكى ئاللاھ ئۇنداق ئادەمنى لەنەتگەردى دەپ ھۆكۈم قىلغان. چۈنكى، ئاللاھ ئىلىمنى يوشۇرغان كىشىگە لەنەت قىلغان.
شۇنىڭ بىلەن ئىمام مالىكقا ئەزىيەت بېرىلىپ، قامچا ئۇرۇلدى ۋە قولى تاغىقىدىن چىقىپ كەتكۈچە سوزۇلدى. بۇ ئىش مەدىنە خەلقىنىڭ ۋە تالىبۇلئىلىملەرنىڭ كۆڭۈللىرىگە قاتتىق ئەلەم بولدى. چۈنكى، ئۇلار شۇ جازالارنىڭ دارۇلھىجرەتنىڭ فەقىھى ۋە ئىمامىغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرگەن ئىدى. ھالبۇكى ئۇ بىرەر فىتنەگە تەشۋىق قىلغانمۇ ئەمەس، بىرەر گەپتە ئاشۇرۇۋەتكەنمۇ ئەمەس ۋە پەتۋا بېرىشتە چېكىدىن ھالقىپ كەتكەنمۇ ئەمەس. ئۇنىڭ شۇ ئازارلاردىن كېيىنمۇ ئۆز يولىدا مېڭىپ جاراھىتى ساقايغاندىن كېيىن دەرسىنى داۋاملاشتۇرغانلىقىنى ھەمدە ھېچقاچان ھېچبىر فىتنەگە كۈشكۈرتمىگەنلىكى ۋە بۇزۇقچىلىققىمۇ چاقىرمىغانلىقىنى كۆرگەن خەلق ھاكىملارغا غەزەپ قىلىپ، بۇ ئىش تۈپەيلى ھاكىملارنى ئۆچ كۆردى، كۆڭۈللەر ئەلەم بىلەن قاينىدى.
شۇنىڭدىن كېيىن ھاكىملار قىلغان قىلمىشلىرىنىڭ ئاچچىقىنى ھېس قىلدى ياكى ئەقەللىي تەقدىردە ئۆزلىرى يارىلاندۇرغان يارىلارنى ساقايتماقچى بولدى، بولۇپمۇ زېرەك مەنسۇر شۇنداق قىلماقچى بولدى، ھالبۇكى ئۇنىڭ قولىدا شۇنداق پۇرسەت بار ئىدى. چۈنكى، ئۇ قارىماققا ئىمام مالىكنى ئۇرغانمۇ ئەمەس ھەم ئۇرۇشقا بۇيرۇغانلىقىمۇ ياكى ئۇرۇشقا رازى بولغانلىقىمۇ ئېنىق ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ ھىجازغا ھەج قىلىپ كەلگەندە، مالىكتىن ئۆزرە سوراش ئۈچۈن، ئۇنى چاقىرتىپ ئادەم ئەۋەتكەن.
[172] بىز مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئىلمى، خىسلەتلىرى ۋە ھەيۋىتىدە ئۇلۇغ بولغىنىدەك، ئۇنىڭ يەنە كەڭ قورساقلىقتا قانچىلىك ئۇلۇغ ئىكەنلىكىنى كۆرۈشىمىز ئۈچۈن، ئىشنىڭ تەپسىلاتىنى ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلاپ باقايلى:«ھەج مەۋسۇمىدا ئەبۇ جەئفەر مېنىڭ ئۆزىنىڭ يېنىغا كېلىشىمنى تەلەپ قىلىپتىكەن. ئۇنىڭ قېشىغا كەلسەم، ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى: ‹ئۆزىدىن باشقا ئىلاھ بولمىغان ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بولغان ئىشلاردا مېنىڭ بۇيرۇقۇم يوق، خەۋىرىممۇ يوق، ئىككى ھەرەم ئەھلى ھالا مۇشۇنداق ئامان – ئېسەن تۇرۇۋاتقان بولسا، بۇ سىلىنىڭ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولغانلىق ئىلتىپاتلىرىدىندۇر. مەن ھەقىقەتەن سىلىنى ئۇلارنىڭ ئازابتىن ئامان قېلىشىنىڭ سەۋەبى دەپ ئويلايمەن. ئاللاھ سىلى سەۋەبلىك ئۇلاردىن چوڭ بىر جازانى كۆتۈرۈۋەتتى. چۈنكى، ئۇلار فىتنەلەرگە بەك يۈگرەيدۇ، مەن (مەدىنە ۋالىيسى) ئابدۇللاھنىڭ دەرھال كۇكۇلىسىدىن تۇتۇلۇپ ئالدىمغا كەلتۈرۈلۈشىگە بۇيرۇق قىلدىم، ئۇنىڭ زىندانغا تاشلىنىشىغا، تازا خورلىنىشىغا بۇيرۇق قىلدىم. مەن چوقۇم ئۇنى سىلىگە يەتكۈزگەن ئازابتىن نەچچە ھەسسە ئازاب بىلەن ئازابلايمەن›. مەن دېدىم: ‹ئاللاھ مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرىنى ئامان قىلسۇن ۋە مەرتىۋىسىنى ئۈستۈن قىلسۇن! ئۇنىڭ رەسۇلۇللاھ بىلەن بولغان تۇغقاندارچىلىقى ۋە سىلى بىلەن بولغان تۇغقاندارچىلىقى سەۋەبىدىن، ئۇنى ئەپۇ قىلدىم›. ئۇ: ‹ئاللاھ سىلىنىمۇ ئەپۇ قىلسۇن ۋە رەھمىتىگە ئېرىشتۈرسۇن› دېدى».
ئىمام ئازار – كۈلپەتتىن مۇشۇنداق ئەزىز ھالەتتە قۇتۇلدى. ئۇ سەۋەبلىك خەلىفە ۋە خەلقنىڭ نەزەرىدە ھۆرمىتى ئاشتى. خەلىفە بولسا ئۇنىڭدىن مۇشۇ تەرزدە رازىلىق سورىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان ئىشلار ھەققىدە، شۇنداقلا كىشىلەرگە مەنپەئەت بولىدىغان، كىشىلەرنىڭ قىيىنچىلىقىنى يەڭگىللىتىش ياكى ئۇلاردىن زۇلۇمنى توسۇشقا ۋەسىلە بولىدىغان ئىشلار ھەققىدە ئۆزىگە بىر خەت يېزىپ ئەۋەتىشىنى تەلەپ قىلدى. ئۇنىڭدىن يەنە بىر ئۇلۇغ ئىشنى تەلەپ قىلدى، ئۇ بولسىمۇ كىشىلەر ئارىسىدا قانۇن قىلىپ تارقىتىش ئۈچۈن، رەسۇلۇللاھنىڭ ۋە ئۇنىڭ ساھابەلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ھۆكۈملىرى ۋە پەتۋالىرىنى توپلاپ يېزىش ئىدى.
ئۇنىڭ خەلقنىڭ نەزەرىدىكى مەرتىۋىسىگە كەلسەك، ئۇنىڭ مەرتىۋىسى ئىلگىرىكىدىنمۇ بەكرەك يۈكسەلدى، ھەتتا شۇ قامچىلار ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى ئورنى ۋە مەرتىۋىسىنىڭ يۈكسەكلىكىگە گۇۋاھچى بولغان ئىدى. نەتىجىدە ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن يۈكسەلدى – يۈكسەلدى، زىنھار پەسلىمىدى.
ۋاپاتى
[173] ئەنە شۇ مۆھتەرەم ئۇلۇغ ئىمام ھەيۋەت ۋە سۈلكەت بىلەن ئورالغان ھالدا ياشىدى، ھەتتا قانداقلىكى بىر ئادەم پەيغەمبەر مەسجىدىگە كېلىپ قالسىلا ئۇنىڭغا يۈزلىنىپ، ئۇنىڭغا قۇلاق سالاتتى ۋە ئۇنىڭدىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسلىرىنى نەقىل قىلاتتى ھەمدە ئۇنىڭدىن ئۆزىگە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار ھەققىدە پەتۋا سورايتتى. ئىمام مالىكنىڭ نوپۇزى ئۆزىنىڭ دەرس دائىرىسىدىن ھالقىپ، ھەتتا ئۇ رەئىييەت ئارىسىدا ئەدلىيە نازىرىدەك بولۇپ قالدى. چۈنكى، مەنسۇر ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن ئازار – كۈلپەتتىن كېيىن ئۇنىڭغا: «مەدىنە ياكى مەككە ۋالىيسى، ياكى ھىجاز ۋالىيلىرىدىن بىرەرىنىڭ سىلى توغرۇلۇق ياكى سىلىدىن باشقىلار توغرۇلۇق قانداقلىكى بىر ئىشىدىن شۈبھىلىنىپ قالسىلىرى، ياكى بۇلار پۇقرالارغا يامانلىق يەتكۈزۈپ قالسا، ماڭا خەت يازسىلا، تېگىشلىك جازاسىنى ئۆزۈم بېرىمەن» دېگەنىدى. شۇڭا، ئۇ ۋالىيلارغا نەسىھەت قىلاتتى، ئۇلارغا توغرا يولنى كۆرسىتەتتى، ئەمما شاپائەت قىلىپ ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشمايتتى.ئۇنىڭ نەسىھەتلىرى ۋالىيلاردىلا توختاپ قالماي، خەلىفەلەرگىمۇ ھالقىغان ئىدى. ئۇنىڭ تارىخقا خاتىرىلەنگەن خەلىفەلەرگە قىلغان گۈزەل نەسىھەتلىرى ۋە قىممەتلىك ئۈگۈتلىرى بار. بۇ ئۇلۇغ ئەركەك ھاياتىنىڭ زور قىسمىدا كېسەلچان ياشىدى، لېكىن كېسىلىنى ھېچكىمگە بىلدۈرمىدى. بەزى كىشىلەر ئۇنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا ھەر خىل گۇمانلاردا بولغان ئىدى، لېكىن ئۇ كېسىلىنى سۆزلەپ بەرمەيتتى. ئەسلىدە ئۇنىڭ دەرسى مەسجىدتە ئىدى، شۇنىڭدىن كېيىن كېسەل كۈچەيگەنلىكى سەۋەبىدىن، دەرسنى ئۆيىگە يۆتكىدى. ئۇ جۈمە ۋە ھېيتلارغا چىقاتتى، كېسەللەرنى يوقلايتتى ۋە جىنازىلەرنى ئۇزىتاتتى، ئاندىن ئۆيىدىن چىقماس بولدى، شۇنىڭدىن كېيىن ئاشۇ پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسىدىن قالدى. ھالبۇكى ئۇ كېسىلى توغرۇلۇق گەپ قىلمايتتى. كېسىلى توغرۇلۇق سورىلىپ قالسا، «ھەممە ئادەم ئۆزرىسىنى دەپ بېرەلمەيدۇ» دەيتتى. ئۇ كېسىلىنى پەقەت ۋاپاتى يېقىنلاشقان سائەتتە تىلغا ئالدى. شۇ چاغدا كېسىلىنى ئاشكارىلىدى ۋە مۇنداق دېدى: «ئەگەر مەن ھاياتىمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر كۈنىدە بولۇپ قالمىسام ئىدىم، سىلەرگە سۈيدۈك تامچىلاش كېسىلىمنى ئېيتىپ بەرمىگەن بولاتتىم. مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مەسجىدىگە كامىل تاھارىتىم يوق بېرىشنى ياقتۇرمىدىم، كېسەلنى تىلغا ئېلىپ، رەببىمگە شىكايەت قىلىشنى ياقتۇرمىدىم».
[174] بۇ ئۇلۇغ ۋە بۈيۈك ئىنسان بەرداشلىق بېرىش تەس بولغان بىر كېسەل ئىچىدە مانا مۇشۇنداق ياشىغان ئىدى، لېكىن ئۇ چىرايلىقچە سەۋر قىلدى. ئۇنىڭ سەۋرى پىغانسىز، شىكايەتسىز ۋە ئېلانسىز بولغان ئىدى. ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن ۋە ئۇنى رازى قىلسۇن!كۆزقاراشلىرى
[175] ئىمام مالىك ھەدىس پېشۋالىرىدىن بىرى بولۇپلا قالماي فىقھ پېشۋالىرىدىن بىرى ئىدى ۋە ئىككىلى پەندە ئىماملىققا يەتكەن ئىدى. لېكىن، ئۇ پىكرىي قاراشلار قالايمىقانلاشقان بىر دەۋردە ياشىغان بولۇپ، سىياسەت جەھەتتىمۇ ۋە ئەقىدە جەھەتتىمۇ ھەر خىل خاتا قاراشلار مەۋجۇد ئىدى. مەسىلەن بەزى ئادەملەر: «ئىنسان ئۆزىنىڭ پېئىللىرىدا مەجبۇردۇر، ئىختىيارسىزدۇر» دەيتتى. يەنە بەزى كىشىلەر: «چوڭ گۇناھ قىلغۇچى كافىردۇر» دەپ دەۋا قىلاتتى. بۇلارغا يانداش يەنە بەزى كىشىلەر چەكتىن ئاشۇرۇپ: «خۇددى كۇفۇرلۇق بولسىلا ھېچقانداق تائەت – ئىبادەتنىڭ پايدىسى بولمىغاندەك، ئىمانلا بولسا ھېچقانداق بىر گۇناھنىڭ زىيىنى يوق» دەيتتى. ئاندىن، سىياسەتكە چۆمگەن بۇ كىشىلەر خىلمۇخىل پىرقەلەردىن ئىدى. بىر پىرقە: «خەلىفەلىك ئەلىنىڭ ۋە ئۇنىڭ فاتىمەدىن بولغان ئوغۇللىرىنىڭ ھەققى» دەيتتى. يەنە بىر پىرقە: «ئىماملىق (يەنى خەلىفەلىك) ئەلىنىڭ ھۈسەين پۇشتىدىن كەلگەن بالىلىرىنىڭ ھەققى» دەيتتى. ئۈچىنچى بىر پىرقە: «خەلىفەلىك ھېچبىر ئەرەب قەبىلىسىنىڭ، ھېچبىر ئايماقنىڭ ۋە ھېچبىر ئائىلىنىڭ ھەققى ئەمەس» دەيتتى. دارۇلھىجرەتنىڭ ئىمامى ئاللاھ يولىدىن ئىبارەت توغرا يولدىن يىراقلاشقان بۇ پىكرىي قالايمىقانچىلىقلار ئىچىدىكى خەلقكە ئۇلارنىڭ قايسى يولغا ئەگىشىشى كېرەكلىكىنى كۆرسىتىشى لازىم ئىدى. ئاللاھ ئۆزىنىڭ يولىغا ئەگىشىشكە بۇيرۇپ ئېيتىدۇ: ﴿وَأَنَّ هَٰذَا صِرَٰطِي مُسۡتَقِيمٗا فَٱتَّبِعُوهُۖ وَلَا تَتَّبِعُواْ ٱلسُّبُلَ فَتَفَرَّقَ بِكُمۡ عَن سَبِيلِهِۦۚ / بۇ مېنىڭ توغرا يولۇمدۇر، شۇ يولدا مېڭىڭلار، ناتوغرا يوللاردا ماڭماڭلار، ئۇلار سىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئايرىۋېتىدۇ﴾(6/«ئەنئام»: 153).ئۇ بۇ ئىشلاردا فىقھ ۋە ھەدىستە تۇتقان يولىنى تۇتۇپ، سۈننەتكە ئەگىشىش ۋە سەلەف سالىھلەرنىڭ يولىغا ئەگىشىش كېرەكلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ دائىم شائىرنىڭ ئۇشبۇ سۆزىنى تەكرارلايتتى:
كىشىنىڭ ياخشى ئىشلىرى سۈننەت بولغىنى پەيدا قىلىنغان بىدئەتتۇر ئەڭ يامىنى
ئۇ ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزنىڭ مۇنۇ سۆزىدىن سۆيۈنەتتى: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىش ئىگىلىرى (يەنى خۇلەفائى راشىدىنلار) كۆپلىگەن سۈننەتلەرنى يولغا قويدى. شۇلارنى تۇتۇش ئاللاھنىڭ كىتابىغا ئەگەشكەنلىكتۇر، ئاللاھقا مۇكەممەل ئىتائەت قىلغانلىقتۇر ۋە ئاللاھنىڭ دىنىدا چىڭ تۇرغانلىقتۇر. كېيىن كەلگەن ھېچكىمنىڭ ئۇنى ئۆزگەرتىش ھەققى يوق ھەم ئۇنىڭغا خىلاپ بولغان بىرنەرسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ھەققى يوق. كىمكى شۇ سۈننەتلەرگە ئەگىشىدىكەن، ئۇ ھىدايەت يولىدىدۇر. كىمكى شۇ سۈننەتلەر بىلەن نۇسرەت تىلەيدىكەن، ئۇ نۇسرەتكە ئېرىشىدۇ. كىمكى ئۇنى تاشلاپ، مۇئمىنلەرنىڭ يولىدىن باشقا يولغا ئەگىشىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى ماڭغان يولىغا قويۇپ بېرىدۇ، ئۇنى ئاخىرەتتە جەھەننەمگە كىرگۈزىدۇ. جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي!»
ئۇ فىقھ تەتقىقاتىدا سۈننەت بويىچە ماڭغاندەك، ئەقىدە تەتقىقاتىدىمۇ سۈننەت بويىچە ماڭدى ۋە كىشىلەرنى ئەقىدىنى نوقۇل ئەقىلنىڭ ھۆكمىدىن ئالماستىن، بەلكى ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىدىن ئېلىشقا چاقىراتتى، گەرچە شەرىئەتتە — نە شەرىئەتنىڭ ئۇسۇلىدا ۋە نە فۇرۇئىدا — ئەقىلنىڭ ھۆكمىگە خىلاپ كېلىدىغان بىرنەرسە بولمىسىمۇ.
ئۇ مۇنداق دەيتتى: «ئىمان — سۆز، ئېتىقاد ۋە ئەمەلدۇر». ئۇ بۇنى «قۇرئان كەرىم»نىڭ نەسلىرىدىن ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسلىرىدىن سۈزۈپ ئالغان ئىدى. ئۇ «ئىمان ئارتىدۇ» دەپ قارايتتى، ئەمما ئىماننىڭ كېمىيىدىغانلىقىنى تىلغا ئالمايتتى. چۈنكى، ئۇنىڭ قارىشىچە، «قۇرئان»نىڭ نەسسىدە ئىماننىڭ ئارتىدىغانلىقى كەلگەن، ئۇنىڭ كېمىيىدىغانلىقى كەلمىگەن. ئۇ ئەقىدە تەتقىقاتىدىمۇ مۇشۇ يۆنىلىش بويىچە ماڭغانىدى، نەقىل قىلىنغانغا ئەگىشەتتى، ئەقلىي پەرەزلەرگە ۋە كىرگەن كىشى ئېزىپ كېتىدىغان تۇيۇق يوللارغا ئەگەشمىگەنىدى. ئىمام مالىك تەقدىرنىڭ ياخشىسى ۋە يامىنىغا ئىشىنەتتى، ئىنساننىڭ ئەركىن ۋە ئىختىيارىي ئىكەنلىكىگە، ياخشى ۋە يامان قىلمىشلىرىغا جاۋابكار ئىكەنلىكىگە ئىشىنەتتى. ئۇ شۇنىڭ بىلەنلا كۇپايىلىنىپ، ئىنساننىڭ پېئىللىرىنىڭ ئاللاھ ئۇنىڭغا ئورۇنلاشتۇرغان قۇدرەت بىلەن ئۇنىڭ مەخلۇقى بولىدىغانلىقى ياكى ئۇ پېئىللاردا ئىنساننىڭ ھېچبىر قۇدرىتى يوق ئىكەنلىكى قاتارلىقلار ھەققىدە توختالمايتتى. بۇ توغرۇلۇق ئۇ: «قەدەرىيلەردىن قانداقلىكى بىر ئادەمگە قارىسام، كالتە پەم، تەنتەك ۋە پۇچەك كىشىلەر ئىكەن» دېگەن. ئۇ ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزنىڭ: «ئەگەر ئاللاھ ئۆزىگە ئاسىيلىق قىلىنماسلىقنى خاھلىسا ئىدى، ئىبلىسنى ياراتماس ئىدى، ھالبۇكى ئۇ پۈتۈن خاتالىقلارنىڭ بېشىدۇر» دېگەن گېپىنى شاھىد قىلاتتى. مالىك بۇنىڭغا مۇنۇ سۆزىنى ئەگەشتۈرۈپ كەلتۈرىدۇ: ئۇشبۇ ئايەت قەدەرىيلەرنى نېمىدېگەن روشەن ئېچىپ بەرگەن ۋە نېمىدېگەن قاتتىق سۆككەن ھە! ﴿وَلَوۡ شِئۡنَا لَأٓتَيۡنَا كُلَّ نَفۡسٍ هُدَىٰهَا وَلَٰكِنۡ حَقَّ ٱلۡقَوۡلُ مِنِّي لَأَمۡلَأَنَّ جَهَنَّمَ مِنَ ٱلۡجِنَّةِ وَٱلنَّاسِ أَجۡمَعِينَ / ئەگەر بىز خاھلىساق، ھەربىر كىشىگە ئەلبەتتە ھىدايەت بېرەتتۇق، لېكىن مېنىڭ (گۇناھكارلارنى ئازابلاشتىن ئىبارەت) ھۆكمىم بېكىپ كەتتى. مەن چوقۇم جىنلار ۋە ئىنسانلار (يەنى ئۇلارنىڭ گۇناھكارلىرى) ھەممىسى بىلەن جەھەننەمنى تولدۇرىمەن﴾(32/«سەجدە»: 13).
ئۇنىڭ چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزگۈچى ھەققىدىكى قارىشى شۇ ئىدى: ئۇ خىل كىشى گۇناھىنىڭ مىقدارىچە ئازابلىنىدۇ، ئەگەر ئاللاھ مەغپىرەت قىلىشنى خاھلىسا، مەغپىرەت قىلىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئېيتقانكى: ﴿إِنَّ ٱللَّهَ لَا يَغۡفِرُ أَن يُشۡرَكَ بِهِۦ وَيَغۡفِرُ مَا دُونَ ذَٰلِكَ لِمَن يَشَآءُۚ / شۈبھىسىزكى، ئاللاھ شىرك گۇناھنى مەغپىرەت قىلمايدۇ، ئۇنىڭدىن باشقىسىنى خاھلىسا مەغپىرەت قىلىدۇ﴾(4/«نىساﺋ»: 48). ئەسلىدە بۇ ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ قارىشى بولۇپ، ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ ئوغلى ھەمماد ئۇنىڭغا دادىسىنىڭ قارىشىنى بايان قىلىپ بەرگەندە، ئۇ شۇنىڭغا قوشۇلغان. مالىك بۇ ھەقتە: «بەندە ئەگەر ئاللاھقا ھېچنەرسىنى شىرك كەلتۈرمەستىن پۈتۈن چوڭ گۇناھلارنى ئۆتكۈزسە، ئاندىن (تەۋبە قىلىپ) بۇ ئەھۋاللاردىن خالاس بولسا، مەن ئۇنىڭ ئالىي فىردەۋستە بولۇشىدىن ئۈمىدۋارمەن. بەندە بىلەن رەببى ئوتتۇرىسىدىكى چوڭ گۇناھنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشىدا ئۈمىد بار، ئەمما ھەرقانداق ھاۋايى – ھەۋەسنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشىدا ئۈمىد يوق، بەلكى ھاۋايى – ھەۋەس بەندىنى جەھەننەم ئوتىغا تاشلايدۇ» دېگەن(23).
ئۇنىڭ دەۋرىدە «قۇرئان مەخلۇق» دەيدىغان مەسىلە ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، بۇ مەسىلىنى جەئد ئىبنى دىرھەم دېگەن كىشى ئوتتۇرىغا چىقارغان. جەئد ئۇ قاراشنى ئىسلام ئەقىدىسىنى بۇزماقچى بولغان يەھۇدىي بىر ئادەمدىن قوبۇل قىلغان. شۇنىڭ بىلەن جەئد «قۇرئان كەرىم»نىڭ مەخلۇق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. مۇسۇلمانلاردىن بىر بۆلۈكى ئۇنىڭغا ئەگەشكەن. ئۇلاردىن باشقىلار: «قۇرئان مەخلۇق ئەمەس» دېگەن. ئۆزىنى چىڭ ساقلىغۇچىلار بۇنىڭ مۇسۇلمانلار ئارىسىغا سېلىنغان بىر فىتنە ئىكەنلىكىنى بىلىپ، فىتنەگە ئارىلىشىشتىن ئۆزىنى ساقلاپ قالغان. مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇشۇلارنىڭ جۈملىسىدىن ئىدى. ئىمام مالىك «مۇسۇلمانلارنى دىنىدىن ئېزىقتۇرۇشقا ئۆزلىرىنى ئاتىغانلارنىڭ قوزغىغان شۈبھىلىرىنى ئىز قوغلاپ مۇنازىرە قىلىش توغرا ئەمەس» دەپ قارايتتى.
[176] مۇئتەزىلەلەر قىيامەت كۈنى ئاللاھنى كۆرۈش – كۆرمەسلىك مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. ئۇلار مەسىلىنى ئەقلىي نۇقتىدىن تەتقىق قىلىپ، ئاللاھنى كۆرۈشنى ئىنكار قىلدى ۋە ئاللاھنى كۆرۈشنى ئىسپاتلايدىغان ﴿وُجُوهٞ يَوۡمَئِذٖ نَّاضِرَةٌ ٢٢ إِلَىٰ رَبِّهَا نَاظِرَةٞ ٢٣ / بۇ كۈندە، (سائادەتمەنلەرنىڭ) يۈزلىرى نۇرلۇق بولىدۇ. (ئۇلار) پەرۋەردىگارىغا قاراپ تۇرىدۇ﴾(75/«قىيامەت»: 22، 23) دېگەندەك نەسلەرنى تەئۋىل قىلدى. لېكىن، بىدئەتچى ئەمەس، ئەگەشكۈچى بولغان مالىك شەرئىي نەسلەرنى تەئۋىل قىلماستىن، نەسلەرنىڭ زاھىرىغا ئېسىلغان ھالدا، ئاللاھ تائالانى كۆرۈشنى مۇقىملاشتۇردى، لېكىن قانداق كۆرۈشنى، بۇ كۆرۈشنىڭ دۇنيادىكى كۆرۈشىمىزگە ئوخشايدىغانلىقى ياكى ئوخشىمايدىغانلىقى ھەققىدە توختالمىدى. بەلكى ئۇ كۆرۈشنىڭ مەخلۇقاتلىرىدىن ھېچكىمگە ئوخشىمايدىغان، يۈكسەك ئاللاھنىڭ زاتىغا لايىق كېلىدىغان باشقا بىر شەكىلدە بولىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ﴿لَيْسَ كَمِثْلِهِ شَيْءٌ وَهُوَ السَّمِيعُ الْبَصِيرُ / ھېچ شەيئى ئاللاھقا ئوخشاش ئەمەستۇر، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر﴾(42/«شۇرا»: 11).ئىمام مالىكنىڭ ئەقىدىلەرنى چۈشىنىشتە مۇشۇنداق ئۆزىنىڭ مېتودى بىلەن ئەھلىسۈننەت يولىدا ماڭغانلىقىنى، مۇسۇلمانلارغا زىيان سېلىپ ئىسلام ئەقىدىسىنى بۇزۇشنى ياكى ئىسلام ئەقىدىسىنى چۈشىنىشتە مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىغا بۆلگۈنچىلىك سېلىشنى ئىستەيدىغانلارنىڭ يوللىرىدا ماڭمىغانلىقىنى كۆرىمىز. چۈنكى، بۇ يوللارنىڭ ئاخىرىدا پىكرىي ۋە روھىي چۈشكۈنلىشىش بار ئىدى.
سىياسەتتە ئۇ خۇلەفائى راشىدىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمنىڭ تۇتقان يولىنى قوبۇل كۆرەتتى. ئۇ يەنە «ئادالەت بەرپا قىلىنمىغان ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابەلىرى تىللىنىدىغان بىر يۇرتتا تۇرۇش دۇرۇس بولمايدۇ» دەپ قارايتتى. بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ناھەق ئىشلار قىلىنىدىغان ۋە سەلەفلەر تىللىنىدىغان بىر يەردە تۇرۇش توغرا ئەمەس».
ئىمام مالىك «خەلىفەلىك ھاشىم جەمەتىگە ياكى يالغۇزلا ئەلى جەمەتىگە خاس» دەپ قارىمايدۇ. چۈنكى، ئەبۇبەكرى، ئۆمەر ۋە ئوسماندىن ئىبارەت ئۈچ خەلىفە يۇقىرىقى ئىككى جەمەتنىڭ ھېچبىرىدىن ئەمەس ئىدى. ئۇ چەللە ئاستىدىكى بەيئەت ھەدىسىنى رىۋايەت قىلغان. ھەدىستىكى ۋەقەلىكتە خەلىفەلىكنىڭ قۇرەيشكە خاس بولىدىغانلىقى مۇقىملاشقان. بۇنىڭدىن ئۇنىڭ شۇنداق قارايدىغانلىقى ئاشكارا بولىدۇ.
ئۇ «ساھابەلەرنىڭ تۆت خەلىفەنى سايلاشتا قوللانغان ئۇسۇلى ئەڭ ئۈلگىلىك ئۇسۇل» دەپ قارايتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ ھېچقانداق مەجبۇرلاش يوق ئەركىن بەيئەت قىلىش شەرتى بىلەن خەلىفەنىڭ ئۆزىدىن كېيىنكى خەلىفەنى تەيىنلەش تۈزۈمىنى ماقۇل كۆرگەن، خۇددى ئەبۇبەكرى ئۆمەرنى خەلىفە قىلىپ تەيىنلىگەندەك (ئاللاھ ئۇ ئىككىسىدىن رازى بولسۇن!) يەنە ئۇ سابىق خەلىفە تەيىنلىگەن مەلۇم ساندىكى كىشىلەرنىڭ ئۆزئارا كېڭىشىپ خەلىفە سايلاش تۈزۈمىنىمۇ ماقۇل كۆرەتتى. شۇنداقلا يەنە ساھابەلەر ئەبۇبەكرى ۋە ئەلى (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) گە قىلغاندەك، مۇستەقىل كېڭەش بىلەن سايلاش تۈزۈمىنىمۇ ماقۇل كۆرەتتى.
مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يەنە «مەككە – مەدىنەدىن ئىبارەت ئىككى ھەرەم شەرىف ئەھلىنىڭ بەيئىتى باشقا جايلارغا كۇپايە قىلىدۇ، مەككە – مەدىنە داخىل بولمىغان رايونلارنىڭ بەيئىتى كۇپايە قىلمايدۇ» دەپ قارايتتى. بۇنىڭ ھەممىسى قايماستىن ساھابەلەرنىڭ يولىدا مېڭىشتۇر.
مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «ھوقۇقنى مەجبۇرىي تارتىۋالغاندىن كېيىن كىشىلەر رازىمەنلىك بىلەن بەيئەت قىلغان ئادەمنىڭ ھۆكۈمرانلىقى — ئەگەر ئۇ تېگىدىن ئادىل ئادەم بولسا — شەرىئەتكە شەكسىز ئۇيغۇن» دەپ ئېتىبارغا ئالاتتى ۋە «بۇنىڭدا مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتى بار» دەپ قارايتتى.
ئۇ ئۆزىنىڭ سىياسىي قاراشلىرىدا دائىم مەسلەھە ۋە ئادالەتنى ھەمدە ئۇ ئىككىسىگە ئېلىپ بارىدىغان نەرسىلەرنى نەزەردە تۇتاتتى. بۇزۇقچىلىققا ئېلىپ بارىدىغان نەرسە جائىز بولمايتتى. مەسلەھە ۋە ئادالەتكە ئېلىپ بارىدىغان نەرسە جائىز بولاتتى. كىشىلەرنى ئۆزلىرى خاھلىمايدىغان نەرسىگە مەجبۇرلاش مەسلەھەمۇ ئەمەس، ئادالەتمۇ ئەمەس. (يەنى ئىمام مالىك مۇشۇنداق قارايتتى). مەنسۇرغا قارشى چىققانلاردىن بىر كىشى — بۇ كىشى مۇھەممەد نەفسۇززەكىييە بولسا كېرەك — ئۇنىڭغا:
— ئىككى ھەرەم ئەھلى ماڭا بەيئەت قىلدى، ئەبۇ جەئفەر مەنسۇرنىڭ زۇلمىنى سەنمۇ كۆرۈۋاتىسەن، — دېۋىدى، مالىك دېدىكى:
— ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزنى ئۆزىدىن كېيىن سالىھ بىر ئادەمنى تەيىنلەپ قويۇشتىن نېمە توسقانلىقىنى بىلەمسەن؟ ئۇ:
— ياق، — دېۋىدى، مالىك:
— يەزىدكە ئالدىن بەيئەت ئېلىنىپ بولغان ئىدى، شۇڭا ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئەگەر ئۇنىڭدىن باشقىسى ئۈچۈن بەيئەت ئالسا، قالايمىقانچىلىق ئاۋۇپ كېتىپ، كىشىلەرنىڭ ئۇرۇشتا قېلىشىدىن، ئىشنى تېخىمۇ بۇزىۋېتىپ قېلىشىدىن قورققان، — دېدى(24).
ئىمام مالىكنىڭ مانا مۇشۇنداق سايلام ئۇسۇلىنىڭ ئۆرنەك شەكىللىرىگە ئېتىبار بەرمەي، رېئاللىققا ۋە ئۈممەتنىڭ نەق ئەھۋالىغا ئېتىبار بەرگەنلىكىنى كۆرىمىز. ئۇ «ئىتائەتكە ياكى ئىختىلاپقا چاقىرىدىغانلارنىڭ نەزەرىدە رېئال مەسلەھەلەر ئۆلچەنگەن بولۇشى كېرەك» دەپ قارايدۇ. ئۇ بۇنىڭدىن شۇنى خۇلاسىلەيدۇكى، قارشى چىقىش ۋە ئىسيان كۆتۈرۈشتىن سۈكۈت قىلىش ياخشىراقتۇر، فىتنەلەرگە چۆكۈشتىن فىتنەلەردىن يىراق تۇرۇش ياخشىراقتۇر، قارشى چىقماستىن توغرىنى كۆرسىتىش گاھىدا ھۆكۈمدارنى توغرا يولغا باشلاپ قالىدۇ، نەتىجىدە قالايمىقانچىلىق بولماستىنلا ئىسلاھات ھاسىل بولىدۇ.
ھۆكۈمدار زالىم بولسا، سەۋر قىلىشنى مۇۋاپىق كۆرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا توغرىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ بۇ سەۋرى زۇلۇمنى يامان كۆرمەيدىغان يۇمشاق گەدەنلەرنىڭ سەۋرى ئەمەس. بەلكى ئۇ ئومۇمىي كىشىلەرنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەيدىغان بىر كىشىنىڭ سەۋرىدۇر. ئۇنىڭ قارىشىچە، قارشى چىقىش زىيان ئېلىپ كېلىدۇ، گۈزەل نەسىھەت قىلىش ۋە دىننىڭ پەرمانلىرىنى ئەسلىتىش بىلەن زالىمنى ئادالەتكە ئۈندەش كېرەك، زالىم ھاكىمنىڭ ئۆچ كۆرۈشىگە ئۇچرىسىمۇ، پايدىلىق ۋە توغرىنى كۆرسىتىدىغان نەسىھەتلەرنى قىلىش كېرەك، ناۋادا گۈزەل نەسىھەت قىلىش يولىدا ئۆلتۈرۈلسە شەھىدتۇر. بۇ توغرۇلۇق پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتقانكى: «سَيِّدُ الشُّهَدَاءِ حَمْزَةُ بْنُ عَبْدِ الْمُطَّلِبِ، وَرَجُلٌ قَالَ إِلَى إِمَامٍ جَائِرٍ فَأَمَرَهُ وَنَهَاهُ فَقَتَلَهُ / شەھىدلەرنىڭ سەردارى ھەمزە ئىبنى ئابدۇلمۇتتەلىبتۇر ۋە يەنە بىرى، زالىم بىر ئىمام (رەھبەر) نىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنى ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسقان، نەتىجىدە زالىم ئىمام ئۆلتۈرۈۋەتكەن بىر كىشىدۇر»(25). ئەگەر مۇسۇلمانلار ئىمام مالىكنىڭ قارىشىنى تۇتۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئالىملىرى ئۆزلىرىنىڭ نەسىھەت ۋە يېتەكچىلىك مەجبۇرىيىتىنى ئۆتىسە ئىدى ھەمدە ياغلىمىچى مۇناپىقلار بولمىسا ئىدى، زالىمنىڭ زۇلمى ۋە ئىستىبداتى داۋاملاشماس ئىدى.
ئىمام مالىكنىڭ فىقھىسى ۋە ھەدىسى
[177] ئىمام مالىك يۇقىرىدا دېگىنىمىزدەك مۇھەددىس ۋە فەقىھ ئىدى. ئۇ ئۆزى ھەدىس نەقىل قىلىدىغان راۋىيلارنى ناھايىتى بەك ئىلغايتتى. ئۇنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن قىلغان رىۋايەتلىرى «سىلسىلە زەھەبىييە (ئالتۇن زەنجىر)» ۋە ئەڭ ئىشەنچلىك رىۋايەت دەپ سانىلاتتى. ئىمام بۇخارىي مۇنداق دېگەن: «شۈبھىسىزكى، ئەڭ ئىشەنچلىك رىۋايەت مالىكنىڭ نافىئتىن، ئۇنىڭ ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن قىلغان رىۋايەتىدۇر»(26).بىز ھەدىس ھەققىدىكى گەپنى ئۇنىڭ سۈننەت بارىسىدىكى تۇنجى توپلام دەپ سانىلىدىغان «مۇۋەتتا» كىتابى توغرىسىدا توختىلىشىمىزغا قالدۇرايلى، ھازىرچە ئۇنىڭ فىقھىسىغا يۆتكىلەيلى!
ئالىملار ئۇنىڭ فەقىھ ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن، بەلكى ئىبنى قۇتەيبە زىيادە قىلىپ: «ئۇنىڭ راي فۇقەھائلىرىدىن ئىكەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن» دېگەن. بەزى ئالىملار:
— يەھيا ئىبنى سەئىدتىن كېيىن راي فىقھىسى ئۈچۈن كىم بار؟ — دەپ سورالغاندا:
— مالىك بار، — دەپ جاۋاب بەرگەن.
ئىمام مالىكنىڭ فىقھىي ئىستىنباتتا بىر مېتودى بار ئىدى. رىۋايەت قىلىشتىكى بەزى مېتودلىرىنى توپلاپ يازغاندەك، فىقھىي ئىستىنباتتىكى مېتودىنى توپلاپ يازمىغان. لېكىن، شۇنداقتىمۇ ئۇ بەزى گەپلەرنى ئوچۇق دېگەن بولۇپ، ئۇ گەپلەردىن ئۇنىڭ بەزى مېتودلىرىنى چۈشىنىۋالغىلى بولۇشى مۇمكىن. شۇنداقلا يەنە ئۇنىڭدىن قالغان فىقھىي فۇرۇئاتلاردىن ئۇنىڭ ھۆكۈم ئىستىنبات قىلىشتىكى مېتودىنى چىقىرىۋالغىلى بولىدۇ. مالىكىي مەزھەب فۇقەھائلىرى ئەنە شۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ مېتودىنى توپلىغان. ئۇ مېتود ئىمام مالىك ئۆزىنىڭ فىقھىسىنى قۇرۇپ چىققان ئاساسلاردۇر.
قازى ئىياز «تەرتىيبۇل مەدارىك»تا ئىمام مالىكنىڭ ئىستىنبات مېتودى ھېسابلىنىدىغان ئومۇمىي ئاساسلارنى تىلغا ئالغان، شۇنداقلا يەنە ئۇنى مالىكىي مەزھەب فۇقەھائلىرىدىن ئىبنى راشىدمۇ «ئەلبەھجە (الْبَهْجَةُ)» دېگەن كىتابىدا تىلغا ئالغان.
بۇ ئىككى ئالىمنىڭ ۋە ئۇلاردىن باشقىلارنىڭ دېگەنلىرىنىڭ خۇلاسىسى: دارۇلھىجرەت ئىمامىنىڭ مېتودى شۇكى، ئۇ ئاۋۋال ئاللاھنىڭ كىتابىنى تۇتىدۇ. ئەگەر ئاللاھنىڭ كىتابىدىن تاپالمىسا، سۈننەتكە قارايدۇ. ئۇنىڭ نەزەرىدە سۈننەتنىڭ ئىچىگە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسلىرى، ساھابەلەرنىڭ پەتۋالىرى ۋە ھۆكۈملىرى، مەدىنە ئەھلىنىڭ ئەمەللىرى كىرىدۇ. ھەر خىل تارماقلارغا ئىگە سۈننەتتىن كېيىن قىياس كېلىدۇ. قىياس بولسىمۇ ھۆكمى سۆزلەنمىگەن بىر ئىشنى ھۆكمى سۆزلەنگەن يەنە بىر ئىشنىڭ قاتارىغا قوشۇشتۇر، بۇ ئىككى ئىشنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئورتاق بىر سۈپەت بار بولۇپ، شۇ سۈپەت ھۆكۈمنىڭ تايىنىدىغان ئىللىتى بولىدۇ. قىياس بىلەن بىرگە، مەسلەھە، سەددۇززەراﺋﯩﺌ، ئۆرپ – ئادەت قاتارلىقلار بار.
[178] ئەمدى مۇشۇ ئاساسلاردىن ھەربىرىگە قىسقىچە ئىشارەت قىلىپ ئۆتەيلى!كىتاب
ئىمام مالىك كىتابنى بارلىق دەلىللەرنىڭ ئۈستىدە قىلىدۇ. چۈنكى، كىتاب بۇ شەرىئەتنىڭ ئۇلىدۇر، ھۆججىتىدۇر ۋە بارلىقىدۇر ھەمدە ئۇ تا قىيامەت كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان شەرىئەتنىڭ بارلىق ھۆكۈملىرىنىڭ خاتىرىسىدۇر. ئۇ كىتابنى سۈننەتنىڭ ۋە ئۇنىڭدىن باشقا نەرسىلەرنىڭ ئالدىغا قويىدۇ. ئۇ كىتابنىڭ تەئۋىل قوبۇل قىلمايدىغان ئوچۇق نەسسىنى تۇتىدۇ ۋە يەنە ئەگەر شەرىئەتنىڭ ئۆزىدىن زاھىرنى تەئۋىل قىلىش كېرەكلىكىگە بىرەر دەلىل تېپىلىپ قالمىسىلا، كىتابنىڭ تەئۋىل قوبۇل قىلىدىغان زاھىرىنىمۇ تۇتىدۇ. ئۇ يەنە سۆزنىڭ دالالىتى بولغان «مەفھۇم مۇۋافەقە»نى تۇتىدۇ. بۇ دېگىنىمىز «قۇرئان كەرىم» بىر ھۆكۈمگە بىر نەسنى كەلتۈرىدۇ ۋە ئۇشبۇ نەستىن ھېچبىر ئەقلىي تىرىشچانلىقسىزلا بۇ ھۆكۈمنىڭ مەنىسىدىكى نەرسىدىنمۇ كۈچلۈكرەك يەنە بىرنەرسە چۈشىنىلىدۇ. مەسىلەن، يېتىملارنىڭ ماللىرى ۋە ئۇنى يەۋالىدىغان كىشىلەر ھەققىدىكى ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزى: ﴿إِنَّ ٱلَّذِينَ يَأۡكُلُونَ أَمۡوَٰلَ ٱلۡيَتَٰمَىٰ ظُلۡمًا إِنَّمَا يَأۡكُلُونَ فِي بُطُونِهِمۡ نَارٗاۖ وَسَيَصۡلَوۡنَ سَعِيرٗا / زۇلۇم قىلىپ يېتىملەرنىڭ مال ـ مۈلكىنى (ناھەق) يەۋالىدىغانلار، شۈبھىسىزكى، قورسىقىغا (قىيامەت كۈنى يېنىپ تۇرىدىغان) ئوتنى يەۋالغان بولىدۇ، ئۇلار يېنىپ تۇرغان ئوتقا (يەنى دوزاخقا) كىرىدۇ﴾(4/«نىساﺋ»: 10). شۈبھىسىزكى، بۇ نەستىن يېتىملارنىڭ ماللىرىنى بۇزۇپ چېچىشتىن ۋە ئۇنى مۇھاپىزەت قىلىشقا سەل قاراشتىن نەھيى قىلىش ئاسانلا چۈشىنىلىدۇ.
ئىمام مالىك يەنە «مەفھۇم مۇخالەفە»نى تۇتىدۇ. ئۇ دېگىنىمىز «نەسنىڭ بىرەر سۈپەتكە ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىگە قەيت قىلىنغان ھالدىكى بىر ھۆكۈمنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى، ئاندىن نەس تېپىلمىغان يەردە ئاشۇ ھۆكۈمنىڭ تەتۈرىنىڭ چۈشىنىلىشى». مەسىلەن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ «فِى السَّائِمَةِ زَكَاةٌ / يايلىتىپ بېقىلغان چارۋا ماللارغا زاكات كېلىدۇ»(27) دېگەن سۆزىگە ئوخشاش. بۇ نەستىن يايلاقلاردا ئوتلايدىغان تۆگىلەرگە، يەنى مۇباھ ئوت – چۆپلەردە بېقىلىدىغان تۆگىلەرگە زاكات كېلىدىغانلىقى چۈشىنىلىدۇ. بۇ نەستىن «مەفھۇم مۇخالەفە» يولى بويىچە شۇ چۈشىنىلىدۇكى، ھەلەپ بىلەن بېقىلغان تۆگىلەرگە زاكات كەلمەيدۇ. ئىمام مالىك ھەلەپ بىلەن بېقىلغان تۆگىلەرگە زاكات كېلىدىغانلىقىنى باشقا دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلىغان.
ئۇ يەنە «ھۆكۈمنىڭ ئىللىتىگە تەنبىھ قىلىش (اَلتَّنْبِيْهُ عَلَى عِلَّةِ الْحُكْمِ)» قائىدىسىنىمۇ تۇتىدۇ، مەسىلەن ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزىدىكىدەك: ﴿قُل لَّآ أَجِدُ فِي مَآ أُوحِيَ إِلَيَّ مُحَرَّمًا عَلَىٰ طَاعِمٖ يَطۡعَمُهُۥٓ إِلَّآ أَن يَكُونَ مَيۡتَةً أَوۡ دَمٗا مَّسۡفُوحًا أَوۡ لَحۡمَ خِنزِيرٖ فَإِنَّهُۥ رِجۡسٌ أَوۡ فِسۡقًا أُهِلَّ لِغَيۡرِ ٱللَّهِ بِهِۦۚ فَمَنِ ٱضۡطُرَّ غَيۡرَ بَاغٖ وَلَا عَادٖ فَإِنَّ رَبَّكَ غَفُورٞ رَّحِيمٞ / (ئى پەيغەمبەر! مەككە كۇففارلىرىغا) ئېيتقىنكى، ساڭا ۋەھيى قىلىنغان ئەھكاملار ئىچىدە، ئۆزى ئۆلۈپ قالغان نەرسە ياكى ئېقىپ چىققان قان ۋە ياكى چوشقا گۆشى — چوشقا نىجىس يېمەكلىكلەرگە ئادەتلەنگەنلىكى ئۈچۈن چوشقا گۆشى پاسكىنىدۇر — ۋە ئاللاھتىن غەيرىنىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان گۇناھقا سەۋەب بولىدىغان مالدىن غەيرىنى ھەرقانداق ئادەم ئۈچۈن ھارام كۆرمەيمەن. كىمكى ئۇلاردىن (يۇقىرىقى ھارام قىلىنغان نەرسىلەردىن) نائىلاج ۋە ئىختىيارسىز ھالدا ھاياتىنى ساقلاپ قالغۇدەك يېسە (ھېچ گۇناھ بولمايدۇ)، چۈنكى پەرۋەردىگارىڭ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (بەندىلىرىگە) مېھرىباندۇر﴾(6/«ئەنئام»: 145). بۇنىڭدىن شۇنى چىقىرىۋالغىلى بولىدۇكى، ھارام قىلىش ئىللىتى ئۇ نەرسىلەرنىڭ نىجىس، يەنى ۋابا توشۇغۇچى پاسكىنا يېمەكلىك ئىكەنلىكى بولۇپ، مۇشۇ سۈپەتكە چۈشىدىغان ھەرقانداق نەرسە ھارام قىلىنىدۇ.
[179] ئىمام مالىك مانا مۇشۇنداق كىتابتىن نەسسەن (ئوپئوچۇق) چۈشىنىلىدىغان ياكى ئىشارەت بىلەن، ياكى تەنبىھ بىلەن، ياكى مەفھۇم بىلەن چۈشىنىلىدىغان ھەرقانداق نەرسىنى تۇتىدۇ ۋە كىتابنى سۈننەتنىڭ ئالدىغا قويىدۇ. ئۇ مەلۇم ھەدىسنى ئۆزىنىڭ سەنەدى بىلەن رىۋايەت قىلاتتى، ئاندىن ھەدىس ئاللاھ تائالانىڭ كىتابىغا خىلاپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنى رەت قىلاتتى. مەسىلەن، ئۇ «إِذَا وَلَغَ الْكَلْبُ فِى الإِنَاءِ فَاغْسِلُوهُ سَبْعَ مَرَّاتٍ إِحْدَاهُنَّ بِالتُّرَابِ / ئىت سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ قاچىسىدىن ئىچىپ قويسا، ئۇنى يەتتە قېتىم يۇيسۇن، بىرىنى توپا بىلەن»(28) دېگەن ھەدىسنى رىۋايەت قىلغان ۋە ئۇ ھەدىسنى «زەئىف» دەپ قارىغاچقا، ئۇنى تۇتمىغان. چۈنكى، «قۇرئان كەرىم» مۇنۇ ئايەتتە ئىتنىڭ ئوۋلىغان ئوۋىنى يېيىشىمىزنى مۇباھ قىلغان: ﴿وَمَا عَلَّمۡتُم مِّنَ ٱلۡجَوَارِحِ مُكَلِّبِينَ تُعَلِّمُونَهُنَّ مِمَّا عَلَّمَكُمُ ٱللَّهُۖ / سىلەرگە پاك نەرسىلەر ۋە (ئىت، قارچىغا، قۇشقا ئوخشاش) شىكارغا ئۆگىتىلگەن، سىلەر ئاللاھنىڭ ئۆزۈڭلارغا ئۆگەتكىنى بويىچە ئۆگەتكەن ئوۋچى جانىۋارلارنىڭ شىكار قىلغان نەرسىلىرى ھالال قىلىندى﴾(5/«مائىدە»: 4). ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئىت نىجىس بولسا، قانداقمۇ ئىت تۇتقان ئوۋ مۇباھ بولىدۇ؟!» ئۇ يەنە بالىنىڭ ۋاكالەتسىز ھالدا دادىسى ياكى ئانىسى ھەققىدە ھەج قىلىشىنى جائىز قىلغان ھەدىسنى تۇتمىغان. چۈنكى، ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇ ھەدىس ئاللاھ تائالانىڭ ئۇشبۇ سۆزىگە خىلاپ كەلگەن: ﴿وَأَن لَّيۡسَ لِلۡإِنسَٰنِ إِلَّا مَا سَعَىٰ ٣٩ وَأَنَّ سَعۡيَهُۥ سَوۡفَ يُرَىٰ ٤٠ ثُمَّ يُجۡزَىٰهُ ٱلۡجَزَآءَ ٱلۡأَوۡفَىٰ ٤١ / ئىنسان پەقەت ئۆزىنىڭ ئىشلىگەن ئىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ. ئۇنىڭ قىلغان ئىشى كەلگۈسىدە كۆرۈلىدۇ (يەنى ئۇنىڭ ئەمەلى قىيامەت كۈنى ئۇنىڭغا كۆرسىتىلىدۇ). ئاندىن ئۇنىڭغا تولۇق مۇكاپات ياكى تولۇق جازا بېرىلىدۇ﴾(53/«نەجم»: 41).سۈننەت
[180] سۈننەت كىتابتىن قالسا ئىككىنچى مەرتىۋىدە تۇرىدۇ. ئىمام مالىك سۈننەت ئىچىدىكى مۇتەۋاتىرنى تۇتىدۇ. مۇتەۋاتىر دېگىنىمىز «يالغانچىلىققا تىل بىرىكتۈرۈش ئېھتىماللىقى بولمىغان بىر توپنىڭ تاكى رەسۇلۇللاھقا تۇتاشقانغا قەدەر ئۆزلىرىگە ئوخشاش يەنە بىر توپتىن رىۋايەت قىلغان ھەدىسى»دۇر. ئۇ يەنە سۈننەت ئىچىدىكى مەشھۇرنى تۇتىدۇ. مەشھۇر دېگىنىمىز شۇنداق بىر ھەدىستۇركى، ئۇنى ساھابەلەردىن بىر – ئىككى كىشى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك مۇتەۋاتىرلىق چېكىگە يەتمىگەن كىشى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن رىۋايەت قىلىدۇ، ئاندىن ئۇنى يالغانچىلىققا تىل بىرىكتۈرمەسلىكىدىن ئەمىن بولغىلى بولىدىغان نۇرغۇن ساندىكى كىشى ساھابەلەردىن رىۋايەت قىلىدۇ؛ ياكى ئۇنى بىر ياكى بىرقانچە تابىئىن رىۋايەت قىلىدۇ، ئاندىن تابىئىندىن كېيىن يالغانچىلىققا تىل بىرىكتۈرمەسلىكىدىن ئەمىن بولغىلى بولىدىغان نۇرغۇن ساندىكى كىشى رىۋايەت قىلىدۇ. بۇ خىل ھەدىسنىڭ مەشھۇرلۇقى تابىئىن دەۋرىدە ياكى تەبەئى تابىئىن دەۋرىدە بولىدۇ. ئۇ دەۋردىن كېيىن مەشھۇرلۇقنىڭ ئېتىبارى يوقتۇر. مانا بۇ خىل ھەدىس دەلىل قىلىنىش كۈچى جەھەتتە مۇتەۋاتىرغا يېقىنلىشىدۇ. ئىمام مالىك يەنە خەبەرى ئاھادنىمۇ تۇتىدۇ. ئۇ دېگىنىمىز مۇتەۋاتىر بولمىغان، تابىئىن دەۋرىدىمۇ ۋە تەبەئى تابىئىن دەۋرىدىمۇ مەشھۇر بولمىغان ھەدىستۇر. ئىمام مالىك مەدىنە ئەھلىنىڭ ئەمەلىنى بۇ خەبەرى ئاھادنىڭ ئالدىغا ئۆتكۈزىدۇ. بۇ ھەقتە ئايرىم توختىلىمىز. ئۇنىڭ مەزھەبىدىكى بەزى فۇقەھائنىڭ يەكۈنلىشىچە، ئۇ قىياسنىمۇ خەبەرى ئاھادنىڭ ئالدىغا قويىدۇ. قازى ئىياز ۋە چوڭ ئىبنى رۇشد «الْمُقَدَّمَاتُ الْمُمَهَّدَاتُ»تا ئىمام مالىكنىڭ قىياسنى خەبەرى ئاھادنىڭ ئالدىغا قويىدىغانلىقى توغرىسىدا ئىككى خىل قاراشنى ھېكايە قىلغان: بىر قاراشتا ئۇنىڭ خەبەرى ئاھادنى قىياسنىڭ ئالدىغا ئۆتكۈزىدىغانلىقى دېيىلگەن. يەنە بىرىدە ئۇنىڭ قىياسنى خەبەرى ئاھادنىڭ ئالدىغا قويىدىغانلىقى دېيىلگەن.ئىمام مالىكتىن بىر قىسىم مەسىلىلەر رىۋايەت قىلىنغان بولۇپ، ئىمام مالىك ئۇ مەسىلىلەردە رايغا ئەمەل قىلىپ، ئۆزى رىۋايەت قىلغان خەبەرى ئاھادنى تەرك ئەتكەن. مەسىلەن، ئۇ ئىبنى ئۆمەردىن رىۋايەت قىلغان «الْبَيِّعَانِ بِالْخِيَارِ مَا لَمْ يَتَفَرَّقَا / سودىلاشقۇچى ئىككى تەرەپ (ئورنىدىن) ئايرىلىپ كەتمىگەنلا بولسا (سودىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش) ئىختىيارلىقى بولىدۇ»(29) دېگەن ھەدىسنى رەت قىلغان. رەت قىلىش سەۋەبى توغرىسىدا ئۇ: «بىزدە بۇنىڭ ئۈچۈن مەلۇم بىر چەك يوق، (يەنى ئەھلى مەدىنەدە قانچىلىك مۇددەت ئىچىدە سودىنى بۇزسا بولىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇقىم بىر ئۆلچەم يوق)» دېگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ سودا توختامىدىن كېيىنكى بۇزۇش ھەققىنى بىكار قىلغان. چۈنكى، ئۇنىڭ نەزەرىدە سودا قىلىشقان ئورۇننىڭ (ئىككى تەرەپ مۇنچىلىك ۋاقىتتا ئايرىلىدۇ دەيدىغانغا) مەلۇم مۇددىتى يوق ئىدى.
ئۇ يەنە تەقسىملىنىشتىن بۇرۇن غەنىيمەتلەردىن ئېلىۋېلىنغان قوي گۆشى ياكى تۆگە گۆشى پىشۇرۇلغان قازانلارنى ئۆرۈپ تاشلاش توغرىسىدىكى ھەدىسنى رەت قىلغان. ئۇ ھەقىقەتەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۇ قازانلارنى دۈم كۆمتۈرۈپ، گۆشلەرنى توپىغا مىلەشكە باشلىغانلىقىنى رىۋايەت قىلغان ۋە بۇ ھەدىسنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە بولغان نىسبىتىنى ئىنكار قىلغان. چۈنكى، قازانلارنى دۈم كۆمتۈرۈش، گۆشلەرنى توپىغا مىلەش مەسلەھەگە زىت كېلىدىغان بۇزغۇنچىلىق بولۇپ، ئۇنداق قىلىشقا ھاجەت يوق. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ چەكلىسىلا كۇپايە. چەكلەش ئارتۇقچە ئىشلاردىن بىھاجەت قىلىدۇ.
ئىمام مالىك يەنە روزا ھېيت كۈنىنىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ شەۋۋالدا ئالتە كۈن روزا تۇتۇش ھەققىدە كەلگەن خەبەرنى تۇتمىغان. «ئۇنداق قىلىش رامازاننى كۆپەيتىشكە ئېلىپ بارىدۇ» دەپ خەبەرنى رەت قىلغان ياكى ئىنكار قىلغان.
مۇشۇنداق كۆپلىگەن فۇرۇئلاردا ئىمام مالىك مەسلەھە ۋە قىياسقا ئەمەل قىلىپ، خەبەرى ئاھادنى رەت قىلغان. ئالىملار ئېيتقانكى: «مالىك ئەگەر خەبەرى ئاھاد مەلۇم بىر ئۇسۇل بىلەن توقۇنۇشۇپ قالسا، گەرچە ئۇ يەكۈنلەپ چىقىرىلغان بىر ئۇسۇل بولسىمۇ، خەبەرى ئاھادنى تەرك ئېتىدۇ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئائىت ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىدۇ. ئەمما، خەبەرنى يۆلەيدىغان يەنە بىر قەتئىي ئۇسۇل بولۇپ قالسا، بۇ چاغدا خەبەرنى قوبۇل قىلىدۇ».
ئىمام مالىك گەرچە ئۇنىڭ شاگىرتى شافىئىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتقاندەك «ھەدىس ساھەسىدە يورۇق يۇلتۇز» بولسىمۇ، ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ ھەدىس فەقىھى بولماستىن، بەلكى راي فەقىھى ئىكەنلىكىنى روشەنلەشتۈرۈش ئۈچۈن، بىرئاز توختىلىپ قالدۇق.
ئەھلى مەدىنەنىڭ ئەمەلى
[181] مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەھلى مەدىنەنىڭ ئەمەلىنى ھۆججەت دەپ قارايتتى. چۈنكى، (ئۇنىڭ نەزەرىدە) ئەھلى مەدىنەنىڭ ئەمەلىنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن قىلىنغان نەقىل بولۇشتىن باشقا ئېھتىماللىقى يوق ئىدى. ئۇ ئۇستازى رەبىئە ئىبنى ئابدۇرراھماننىڭ مۇنۇ مەشھۇر سۆزىنى دەيتتى: «مىڭ كىشىنىڭ مىڭ كىشىدىن قىلغان رىۋايەتى بىر كىشىنىڭ بىر كىشىدىن قىلغان رىۋايەتىدىن ياخشىراقتۇر». دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، شۇ ئارقىلىق ئۇ ئاساسى راي بولغان ئەھلى مەدىنەنىڭ ئەمەلىنى خەبەرى ئاھادنىڭ ئالدىغا ئۆتكۈزەتتى. ئۇ مەدىنە ئەھلىنىڭ ئەمەلىنى تۇتماي بۇنىڭغا قارشى ئىش قىلىدىغانلارنى ئەيىبلەيتتى. بۇ ھەقتە ئۇ لەيس ئىبنى سەئدكە مۇنداق دەپ خەت يازغان: «سېنىڭ بىزنىڭ مەدىنەدىكى كىشىلەر توپىنىڭ تۇتقان يولىغا ئوخشىمايدىغان ئىشلارغا پەتۋا بەرگەنلىكىڭ ماڭا يەتتى. سەن ئامانەتچان، پەزىلەتلىك ۋە دىيارىڭدىكىلەرنىڭ نەزەرىدە مەرتىۋىلىك ئادەمسەن. چۆرەڭدىكىلەرنىڭ ساڭا موھتاجلىقى ۋە سېنىڭ ئاغزىڭدىن چىققىنىغا تايىنىدىغانلىقى ئۈچۈن، سەن ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئەنسىرەشكە ۋە نىجاتلىق ئۈمىدى بار يولغا ئەگىشىشكە لايىقسەن. ئاللاھ تائالا كىتابىدا ئېيتىدۇ: ﴿فَبَشِّرۡ عِبَادِ ١٧ ٱلَّذِينَ يَسۡتَمِعُونَ ٱلۡقَوۡلَ فَيَتَّبِعُونَ أَحۡسَنَهُۥٓ / سۆزگە قۇلاق سېلىپ ئۇنىڭ ئەڭ ياخشىسىغا ئەگىشىدىغان بەندىلىرىمگە خۇش خەبەر بەرگىن﴾(39/«زۇمەر»: 17، 18). كىشىلەر پەقەت قۇرئان نازىل بولغان مەدىنەنىڭ ئەھلىگە ئەگەشكۈچىدۇر».مەدىنە ئەھلىنىڭ ئادەتلىرىگە ئەمەل قىلىش مالىكتىن بۇرۇن ھەتتا قازىلاردىمۇ كەڭرى ئىدى، ئۇلار مەدىنە ئەھلىنىڭ ئادەتلىرىنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن نەقىل قىلىنغان ئىشلار دەپ ھېسابلايتتى. بۇ ھەقتە رىۋايەت قىلىنىدۇكى، قازى مۇھەممەد ئىبنى ئەبۇبەكرىگە ئۇ چىقارغان بىر ھۆكۈم توغرىسىدا:
— پوكۇنى ھەدىستە مۇنداق كەلمىگەنمۇ، — دېيىلىۋېدى، ئۇ:
— ھەئە، شۇنداق كەلگەن، — دېدى. ئۇنىڭغا:
— نېمىشقا شۇ ھەدىس بويىچە ھۆكۈم قىلمايسەن، — دېيىلىۋېدى، ئۇ مۇنداق دېدى:
— ئۇ ھەدىس نەدە، كىشىلەر نەدە؟!
يەنى مەدىنەدىكى سالىھلەرنىڭ ئىجماﺋ قىلغان يولى ئۇ ھەدىستىن پەرقلىقتۇر. دېمەك، قازى «مەدىنە ئەھلىنىڭ ئىجماﺋ قىلغان ئىشلىرىغا ئەمەل قىلىش ئۇنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن نەقىل قىلىنغان بولۇشى ئېتىبارى بىلەن كۈچلۈكرەك» دەپ قارايدۇ ۋە بىر ھەدىسنى ئۇنىڭدىنمۇ كۈچلۈكرەك بولغان يەنە بىرنەرسە بىلەن رەت قىلىدۇ.
ساھابەنىڭ پەتۋاسى
[182] مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ساھابەنىڭ پەتۋاسىنى ئەمەل قىلىش ۋاجىب بولغان بىر ھەدىس دەپ قاراپ، ئۇنى قوبۇل قىلاتتى. شۇڭا، ئۇنىڭدىن رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئۇ بەزى ساھابەلەرنىڭ ھەج پائالىيەتلىرى توغرىسىدىكى پەتۋاسىغا ئەمەل قىلىپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قىلغان بىر ئەمەلىنى تەرك ئەتكەن. ئۇ «مەزكۇر ساھابە ھەج پائالىيەتلىرىدىكى قىلغان ئىشىنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇيرۇقىسىز قىلىشى مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى ھەج پائالىيەتلىرىنى ھەرگىزمۇ نەقىلسىز بىلگىلى بولمايدۇ» دەپ قارىغان. مانا بۇ ئىمام شافىئىي ئۇستازى مالىكنى تەنقىدلىگەن نۇقتىلاردىن بىرىدۇر. ئۇ ئېيتقانكى: «ئۇ ئەسلنى فەرئى، فەرئىنى ئەسل قىلىپ قويدى. چۈنكى، پەيغەمبەرنىڭ سۆزى ئەسلدۇر، ساھابەنىڭ پېئىلى شۇ ئەسلدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، ئۇ فەرئىدۇر. قانداقمۇ فەرئى ئەسلگە مۇقەددەم قىلىنىدۇ؟!»لېكىن، مالىك نەقىلسىز بىلگىلى بولمايدىغان بىر ئىشتىكى ساھابەنىڭ سۆزىنى ھەدىس دەپ ھېسابلايتتى. دېمەك، بۇ، ئىككى ئەسل ئارىسىدىكى توقۇنۇشتۇر، ئەسل بىلەن فەرئى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ئەمەس. ئۇنداق بولغان ئىكەن، مالىكنىڭ سەنەد جەھەتتىن كۈچلۈكرەك ۋە ئومۇمىي ئىسلام ئەھكاملىرىغا ماسراقىنى تاللاپ، يەنە بىرىنى رەت قىلىش ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى تەستىقلىماسلىق ھەققى بار.
رىۋايەت قىلىنىشىچە، مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ چوڭ تابىئىننىڭ پەتۋالىرىنى تۇتاتتى. لېكىن، ئۇنى ساھابەلەرنىڭ سۆزلىرىنىڭ دەرىجىسىگە كۆتۈرمەيتتى. ئۇنىڭ چوڭ تابىئىننىڭ پەتۋالىرىنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە نىسبەت بېرىلگەن ھەدىسلەرنىڭ دەرىجىسىگە كۆتۈرمەسلىكى تېخىمۇ لايىقتۇر. ئەمما، ئۇ مەدىنە ئەھلىنىڭ ئىجمائسىغا توغرا كېلىپ قالسا، ئۇ چاغدا كۆتۈرەتتى.
قىياس، مەسلەھە مۇرسەلە ۋە ئىستىھسان
[183] ئىمام مالىك قىياسنى تۇتاتتى. ئۇنىڭ نەزەرىدە قىياس كەلىمەسى «ھۆكۈمنىڭ ئىللىتى بولغان سۈپەتتىكى ئورتاقلىق سەۋەبىدىن، ھۆكمى سۆزلەنگەن بىر ئىشنى ھۆكمى سۆزلەنمىگەن يەنە بىر ئىشقا قوشۇۋېتىش»تىن ئىبارەت ئىستىلاھىي قىياسنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. ئىستىھسان: «جۇزئىي مەسلەھەنىڭ ھۆكمىنى قىياسنىڭ ھۆكمىگە تەرجىھ قىلىش»تۇر. ئەگەر قىياس نەستە سۆزلەنمىگەن بىر ھۆكۈمنى نەستە سۆزلەنگەن مۇئەييەن بىر ھۆكۈمگە قوشۇۋېتىشنى تەقەززا قىلىدىغان بولسا، جۇزئىي مەسلەھە بۇنىڭ غەيرىنى تەلەپ قىلسا، ئىمام مالىك جۇزئىي مەسلەھە بىلەن ھۆكۈم قىلىدۇ ۋە ئۇنى ئىستىھسان دەپ ئاتايدۇ. مانا بۇ ئىستىلاھىي ئىستىھساندۇر. لېكىن، ئۇ ئىستىھساننى ھەرقانداق مەسلەھەگە ئومۇملاشتۇرۇپ ئىشلىتىدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ نەزەرىدىكى ئىستىھسان: «نەس يوق يەردە مەسلەھەنىڭ ھۆكۈم سۈرۈشىدۇر، مەيلى مەزكۇر تېمىدا بىرەر قىياس بولسۇن ياكى بولمىسۇن». ئاشكارا بولۇشىچە، ئەنە شۇ ئۇنىڭ دائىم قوللىنىدىغان ئىبارىسىدۇر. دېمەك، (ئۇنىڭ نەزەرىدىكى) ئىستىھسان بىز دەپ ئۆتكەن ئىستىلاھىي ئىستىھساننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ۋە مەسلەھە مۇرسەلەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەسلەھە مۇرسەلە دېگىنىمىز «ئېتىبارغا ئېلىش ياكى ئالماسلىققا قارىتا خاس بىر دەلىل كەلمىگەن مەسلەھە» بولۇپ، بۇ خىل مەسلەھە نەس يوق يەردە ئەمەل قىلىنىدۇ. شەرتى: ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشتا ھەرەجنى دەﻓﺌ قىلىش ھاسىل بولۇشى ۋە يەنە خاس بىر دەلىلى بولمىسىمۇ، ئىسلام شەرىئىتىدە ئېتىبارغا ئېلىنغان مەسلەھەلەرنىڭ جىنسىدىن بولۇشىدۇر.مۇئەييەنلەشتۈرگىنىمىزدەك، ئىمام مالىك مەسلەھەلەرگە ئەمەل قىلىشنى ئىستىھسان دەپ ئاتايدۇ. شۇڭا، ئۇ: «ئىستىھسان ئىلىمنىڭ ئوندىن توققۇزىدۇر» دەيتتى. شۈبھىسىزكى، نەس يوق يەردە قىياسنى چىڭ تۇتىۋېلىش گاھىدا كەڭنى تار قىلىپ قويىدۇ. شۇڭا، ئىبنى ۋەھب: «قىياسقا غەرق بولغۇچى سۈننەتتىن ئايرىلىپ كەتكىلى تاس قالىدۇ» دېگەن.
ئومۇمەن، ئىمام مالىك ئەگەر بىرەر قۇرئانىي نەس ياكى نەبەۋىي ھەدىس بولمىسا، مەسلەھەنىڭ ھۆكمىگە بويسۇنىدۇ. چۈنكى، شەرىئەت پەقەت ئىنسانلارنىڭ مەسلەھەلىرى ئۈچۈن كەلگەن. ھەرقانداق بىر شەرئىي نەس شەكسىزلا مەسلەھەنى ئۆز ئىچىگە ئالغۇچىدۇر. دېمەك، ئەگەر بىرەر نەس بولماي قالسا، شەرىئەت مەقسەتلىرىگە مۇناسىپ ھەقىقىي مەسلەھە ئاللاھ تائالانىڭ شەرىئىتىدۇر. بۇ ھەقتە ئىمام شاتىبىي مۇنداق دەيدۇ: «مالىك شەرىئەتنىڭ مەقسىتىگە رىئايە قىلىپ، ئۇنىڭدىن چىقمىغان ۋە شەرىئەتنىڭ بىرەر ئۇسۇلى بىلەن زىتلاشمىغان ھالدا، گويا خۇدىنى يوقاتقان ئاشىق كەبى مەسلەھەگە ئائىت مەنىلەرنى چۈشىنىشكە بېرىلگەن، ھەتتا ئالىملار ›ئۇنى تاپتىن چىقتى، شەرىئەت بەلگىلەش ئىشىكىنى ئاچتى‹ دەپ گۇمان قىلىپ، ئۇنىڭ بۇنداق بېرىلىپ كېتىشلىرىنى كۆپ سۆككەن… ھەيھات، ئۇ (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن!) بۇ گۇمانلاردىن نەقەدەر ئۇزاقتا – ھە! بەلكى ئۇ ئۆزىنىڭ فىقھىسىدا (سەلەفكە) شۇ دەرىجىدە ئەگىشىشكە رازى بولدىكى، ھەتتا بەزى كىشىلەر «ئۇ ئۆزىدىن ئىلگىرىكىلەرگە تەقلىد قىلغۇچى» دەپ خىيال قىلىپ قالدى. ئەكسىچە، ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ دىنىدا ئۆتكۈر بەسىرەت ئىگىسىدۇر»(30).
زەراﺋﯩﺌ (الذرائع)
[184] زەراﺋﯩﺌ ئىمام مالىك تۇتۇپ ماڭغان ئۇسۇللاردىن بىرى بولۇپ، بۇ ئۇنىڭدىن نەقىل قىلىنغان كۆپلىگەن فۇرۇئلاردا زاھىر بولغان. ئۇنىڭ مەنىسى شۇكى، ھارامغا ئېلىپ بارىدىغان نەرسە ھارام بولىدۇ، ھالالغا ئېلىپ بارىدىغان نەرسە شۇ ھالال تەلەپ قىلغان مىقداردا ھالال بولىدۇ. شۇنىڭدەك مەسلەھەگە ئېلىپ بارىدىغان نەرسە مەتلۇب بولىدۇ. مەفسەدەگە ئېلىپ بارىدىغان نەرسە ھارام بولىدۇ. فۇقەھائ مەفسەدەگە ئېلىپ بارىدىغان نەرسىنى مۇنداق تۆت قىسىمغا بۆلگەن:بىرىنچى قىسىم: مەفسەدەگە ئېلىپ بېرىشى كەسكىن بولغان نەرسە. مەسىلەن، كىرگەن ئادەم چۈشۈپ كەتكۈدەك دەرىجىدە ئۆينىڭ ئىشىكىدىن كىرگەن يەرگىلا قۇدۇق كولاپ قويۇش.
ئىككىنچى قىسىم: كۈچلۈك گۇماندا كۆپىنچە ھالدا مەفسەدەگە ئېلىپ بارىدىغان نەرسە. مەسىلەن، كەسپى ھاراق ياساش بولغان ئادەمگە ئۈزۈم سېتىش.
ئۈچىنچى قىسىم: مەفسەدەگە ئېلىپ بېرىشى نادىر بولغان نەرسە. مەسىلەن، ئەزىيەت بولمايدىغان بىر يەرگە قۇدۇق كولاپ قويۇش.
بۇ ئاۋۋالقى ئىككى قىسىم ئىمام مالىكنىڭ نەزەرىدە شەكسىز ھارامدۇر. ئۈچىنچى قىسىم ئۇنىڭ نەزەرىدە ھارام ئەمەس. چۈنكى، نادىر ئەھۋالغا ھۆكۈم چېتىلمايدۇ. چۈنكى، نادىرغا ھۆكۈم يوق.
تۆتىنچى قىسىم: مەفسەدەگە ئېلىپ بېرىشى كۆپ بولىدىغان، ئەمما تولا چاغلاردا ئەمەس نەرسە. مەسىلەن، نېسى سېتىش. بۇ گاھىدا جازانىگە ئېلىپ بارىدىغان ۋە كىشىلەر جازانىنىڭ ۋاسىتىسى قىلىۋالىدىغان نەرسە بولۇپ، بۇنىڭدا ئىككى ئامىل تالىشىدۇ: بىرى، (نېسى سېتىش ھەققىدىكى) ئەسلىي رۇخسەت ئامىلى. بۇ، ھالاللىقنى تەقەززا قىلىدۇ. ئىككىنچىسى، جازانىگە ئېلىپ بېرىش ئېھتىماللىقى ئامىلى. بۇ ھاراملىقنى تەقەززا قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، مالىكىيلار بۇ خىل تەسەررۇپنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكىنى مۇقىملاشتۇرغان. جازانىنى قەست قىلىش فائىلنىڭ نىيىتىگە قالدۇرۇلىدۇ. ئەگەر جازانىنى قەست قىلغان بولسا، قەلبى گۇناھكاردۇر، جازاسى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر. ئەگەر ئۇنى مەقسەت قىلمىغان بولسا، گۇناھ ئىشلىمىگەن بولىدۇ.
شۈبھىسىزكى، ئىمام مالىك كۆپلىگەن مەنبەلەرنىڭ ئىشىكىنى ئاچقان. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭ مەزھەبى مول ئىدى ۋە شەرئىي ئۇسۇللارنى ئىنسانلارنىڭ مەسلەھەلىرىگە باغلايدىغان مەسلەھىي فىقھ ئىدى.
كىتابلىرى
[185] ئىمام مالىكتىن خىلمۇخىل ئىلمىي رىسالەلەر قالغان ھەمدە ئۇنىڭدىن شاگىرتلىرى ھەر خىل قاراشلارنى رىۋايەت قىلغان. ئۇلار ئۇنىڭ رىسالەلىرىنى بىرقانچە كىتابقا توپلىغان. شۇلاردىن بىرى، ئىبنى ۋەھبنىڭ «المجالسات (ئەلمۇجالەسات)» دېگەن كىتابى. ئىبنى ۋەھب ئۇنىڭدا مالىكنىڭ مەجلىسىدە مالىكتىن ئاڭلىغانلىرىنى توپلىغان. ئۇ بىر توم كىتاب بولۇپ، ئىبنى ۋەھب مالىكتىن رىۋايەت قىلغان ھەدىسلەرنى، ئەسەرلەرنى ۋە ئەدەبلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. لېكىن، يېزىش ۋە تۈزۈش ئىبنى ۋەھبكە خاستۇر. ئۇ رىسالەلەردىن يەنە بىرى «رِسَالَةٌ فِي الْقَدَرِ (رىسالە فىلقەدەر)» بولۇپ، مالىك ئۇنى شاگىرتى ئىبنى ۋەھبكە يېزىپ ئەۋەتكەن. ئىبنى ۋەھب ئۇ رىسالەنى ئۇنىڭدىن رىۋايەت قىلغان. يەنە ئۇ رىسالەلەر قاتارىدىن، مالىكنىڭ «الْأَقْضِيَةُ (ئەلئەقزىيە)» دېگەن رىسالەسى بولۇپ، ئۇنى بەزى قازىلارغا يازغان. ئۇ رىسالەنى ئۇنىڭدىن ئۇنىڭ بەزى شاگىرتلىرى رىۋايەت قىلغان. ئۇ رىسالە پەتۋا ھەققىدە ئىدى.بۇ كىتابلارنىڭ ئۇنىڭغا تەۋەلىكىدە بىرئاز گەپ بار بولسىمۇ، كۈچلۈك گۇماندا ئۇنىڭغا تەۋە، ئەمما ئۇنىڭغا تەۋەلىكىدە شەك قىلىنمايدىغان كىتاب «مۇۋەتتا (الْمُوَطَّأُ)» دېگەن كىتابتۇر.
«مۇۋەتتا»
[186] ئىمام مالىك يازغان بۇ كىتاب سۈننەتتىن بىر قىسىم رىۋايەتلەر جەملەنگەن تۇنجى توپلام كىتاب سانىلىدۇ. چۈنكى، ئۇندىن ئىلگىرى كىشىلەر زېھىنلىرى ناھايىتى ئۆتكۈر بولغانلىقىدىن ئەس – خاتىرىسىگە تايىناتتى ھەم كۆپلىگەن راۋىيلار يېزىش – توپلاشنى ئۇقمايتتى.ئىمام مالىكنىڭ دەۋرىدە سۈننەتلەرنى توپلاشقا ئەھمىيەت بېرىلدى. ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئىلگىرىلا كىشىلەرنى مەدىنەدىكى فىقھ ۋە راۋىيلاردىكى ھەدىسلەردىن تۈزۈلگەن بىر قانۇن ئەتراپىغا توپلاشنى ئويلىغان. شۇنداقلا شۇنىڭغا قارىتا ھەر خىل چاقىرىقلارمۇ بولغان. بۇنى ئىبنى مۇقەففەئمۇ «ئەسساھابە (الصحابة)» دېگەن رىسالەسىدە بايان قىلغان ۋە پۈتۈن قازىلارنىڭ بىر يۇرت بىر يۇرتتىن پەرقلەنمەيدىغان دەرىجىدە بىر خىل بولۇشىغا چاقىرغان.
«مۇۋەتتا»نىڭ توپلىنىشىغا ئېھتىياج تۇغۇلۇپ، ئەبۇ جەئفەرنىڭ دەۋرىدە يېزىلىش باشلانغان. لېكىن، كىتاب ئۇنىڭ دەۋرىدە پۈتمەي، مەھدىينىڭ دەۋرىدە پۈتكەن. لېكىن، ئىمام مالىك توسقانلىقى ئۈچۈن، ئومۇمىي بىر قانۇنغا ئايلىنالمىغان. ھارۇن رەشىد ئۇنى قانۇن قىلىشقا ۋە ئۇنىڭدىن بىر نۇسخىنى جىمى كىشىلەرنىڭ ئۆگىنىشى ئۈچۈن كەئبەگە ئېسىپ قويۇشقا ئۇرۇنغان. لېكىن، مالىك قازىلىق ھۆكۈملىرىدە كىشىلەرگە قولايلىق تۇغدۇرۇش ئۈچۈن بۇنداق قىلىشقا رازى بولمىغان.
مۇۋەتتا ھەدىس ۋە فىقھ كىتابىدۇر. ئۇنىڭدا ئىمام مالىك ئىجتىھاد قىلىدىغان فىقھىي تېمىلار ھەققىدە ھەدىسلەرنى كەلتۈرىدۇ، ئاندىن ئىجماﺋ قىلىنغان مەدىنە ئەھلىنىڭ ئەمەلىنى، ئاندىن تابىئىندىن ئۆزى ئۇچراشقان كىشىلەرنىڭ قاراشلىرىنى ۋە ساھابەلەرنىڭ قاراشلىرىنى ھەمدە ئۆزى ئۇچرىشىپ باقمىغان سەئىد ئىبنى مۇسەييەبتەك تابىئىننىڭ قاراشلىرىنى تىلغا ئالىدۇ. كىتابتا مەدىنەدىكى مەشھۇر قاراشلار ۋە مالىكنىڭ ئىجتىھادلىرى بار بولۇپ، ئۇ ئىجتىھادلىرىنى ئۆزىگە يەتكەن ھەدىسلەر ۋە ساھابەلەرنىڭ پەتۋالىرى ۋە ئۇلارنىڭ قازىلىق ھۆكۈملىرى، تابىئىننىڭ قاراشلىرى ۋە ئۇلارنىڭ پەتۋالىرى قاتارلىقلاردىن تەخرىج قىلىپ تۇرۇپ خۇلاسىلىگەن ئىدى. شۇڭا، ئۇ ئۆزىنىڭ فىقھىي رايىنى ئىجادىي راي ئەمەس، بەلكى ئەگەشمە تەخرىجىي راي ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ دەيدۇكى: «كىتابتا بارنىڭ كۆپىنچىسىگە كەلسەك رايدۇر. قەسەمكى، ئۇ مېنىڭ رايىم ئەمەس، بەلكى نۇرغۇنلىغان ئىلىم ۋە پەزىلەت ئىگىلىرىدىن ۋە مەن ئىلىم ئالغان ئۈلگىلىك ئىماملاردىن ئاڭلىغانلىرىمدۇر. ئۇلار ئاللاھقا تەقۋادار بولغان كىشىلەردۇر. ئۇلار كۆپ بولۇپ كەتكەچكە، ›مېنىڭ رايىم‹ دېدىم. چۈنكى، ئۇلارنىڭ رايى ساھابەلەرنىڭ رايىغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇلار ساھابەلەرنى شۇ راي ئۈستىدە تاپقان، مەنمۇ ئۇلارنى شۇ راي ئۈستىدە تاپقان. بۇ شۇنداق بىر مىراستۇركى، ئۇلار ئۇنىڭغا تا بىزنىڭ زامانىمىزغا قەدەر ئەسىردىن ئەسىرگە ۋارىسلىق قىلىپ كەلگەن».
مۇۋەتتانىڭ مۇشۇنداق سۈننەت ۋە سۈننەت ئۈستىگە قۇرۇلغان فىقھنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى كۆرىمىز.
مۇۋەتتانىڭ ھەدىسلىرىنىڭ مىقدارى راۋىيلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا بېقىپ ئوخشىمايدۇ. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب ئۇ دائىم رىۋايەت قىلغانلىرىنى تەكشۈرۈپ تۇراتتى. شۇنىڭ بىلەن پات – پات ئۆزى رىۋايەت قىلغان ھەدىسلەرنىڭ بەزى يەرلىرىنى ئېلىۋېتەتتى. مۇۋەتتا بىرقانچە خىل رىۋايەت بىلەن رىۋايەت قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەڭ مەشھۇر رىۋايەتلىرى ئىككى. بىرى، ھ. 234 – يىلى ۋاپات بولغان يەھيا ئىبنى يەھيا ئەللەيسىي ئەلئەندەلۇسىينىڭ رىۋايەتىدۇر. يەنە بىرى، ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ شاگىرتى ئىمام مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن شەيبانىينىڭ رىۋايەتىدۇر.
مالىكىي مەزھەبنىڭ يۈكسىلىشى ۋە تارقىلىشى
[187] مەزھەب ئۇسۇللىرىنىڭ مول ۋە مەنبەلىرىنىڭ كۆپ بولۇشى، مەزھەب ئىمامىدىن كېيىنكى مەزھەب يۈرۈتكۈچىلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە ئاچقان تەپەككۇر دائىرىسىنىڭ كەڭ بولۇشى ۋە ئۇلارنىڭ ئىجتىھاد قىلىدىغان پىكرىي مۇھىتلارنىڭ ھەر خىل بولۇشى قاتارلىقلار بىلەن مەزھەبنىڭ فۇرۇئلىرى تەرەققىي قىلىدۇ ۋە مەزھەبتىكى تەپەككۇر لىنىيەسى رەتلىنىدۇ. مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى مالىكىي مەزھەبتە تېپىلغانىدى. چۈنكى، مالىكىي مەزھەبنىڭ مېتودلىرى مول ۋە كۆپ ئىدى. ئىمامنىڭ شاگىرتلىرى ۋە ئۇلاردىن كېيىنكىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىمامىنىڭ ئۇسۇللىرى ھەققىدە كەڭ دائىرىدە تەپەككۇر يۈرگۈزگەن، شۇنداقلا مالىكىي مەزھەبنى تۇتۇپ ماڭغان جايلار كۆپەيگەن ۋە ئۇ جايلارنىڭ ئەھۋاللىرى پەرقلىق بولغان. مەزھەب فۇقەھائلىرى ئارىسىدا چوڭقۇر فىقھ بىلەن پەلسەپە ۋە ھېكمەتنى ئۆزىدە جەملىگەن كىشىلەر بولغان. مانا پەيلاسوپ ئىبنى رۇشد شۇنىڭ بىر مىسالى بولۇپ، ياۋروپالىقلار ئارستوتىل پەلسەپەسىنى ئۇنىڭدىن ئۆگەنگەن. ئۇ غەززالىينىڭ پەيلاسوپلارغا ھۇجۇم قىلغانلىقى ئۈچۈن غەززالىيغا قارشى ئوتتۇرىغا چۈشكەن. ئىبنى رۇشد مالىكىي فىقھىسىدا ئالاھىدە يۇقىرى ئورۇندىكى فەقىھ ئىدى. سېلىشتۇرما فىقھ ھەققىدە ئۇنىڭ «بىدايەتۇل مۇجتەھىد (بداية المجتھد ونھاية المقتصد)» دەپ ئاتالغان ناھايىتى قىممەتلىك بىر كىتابى بار.شۈبھىسىزكى، ئىجتىھاد سەۋەبلىرىنىڭ كۆپ، مېتودلارنىڭ مول بولۇشى بىلەن بىرگە، (مەزھەب تارقىغان) رايونلارنىڭ پەرقلىق ۋە يىراق بولۇشلىرى مەزھەبلەردە قاراشلارنىڭ كۆپ بولۇشىغا سەۋەب بولىدۇ. قاراشلارنىڭ كۆپلۈكى بىر جەھەتتىن بىر مولچىلىقتۇركى، مالىكىي فىقھىسىدا ئىزدەنگۈچى تۈرلۈك پىكرىي سەمەرىلەرنى، ھەر خىل ياراملىق پىكرىي خاھىشلارنى، شۇنداقلا خىلمۇخىل مۇھىتلارنىڭ ئۆزئارا مۇۋاپىقلىشىشىنى ۋە ئۆرپ – ئادەتلىرى پەرقلىق رايونلارنىڭ ئۆزئارا ماسلىشىشىنى كۆرەلەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە مالىكىي فىقھىسىدا ئىستىنباتتا ئۆرپ – ئادەتنىڭ ئورنى بار ئىدى. ئەگەر بۇ مەزھەب بىلەن پەتۋا بەرگۈچى مەزھەبتىكى مۇقىم قائىدىلەرگە ئېسىلىپ تۇرۇپ ئىجتىھاد قىلىش ئىشىكىنى تېخى ئۆزىگە ئاچالمىغان بىرى بولۇپ قالسا، ئۇنىڭ ئالدىغا خىلمۇخىل قاراشلار ھازىر بولۇپ، شۇلار ئارىسىدىن خاھلىغاننى تاللىيالايتتى.
بۇ توغرۇلۇق ھەتتاب ئېيتقانكى: «بۇ زاماندا پەتۋا بېرىدىغان كىشىنىڭ مەزھەبنى نەقىل قىلىشتىكى ئەڭ ئەقەللىي دەرىجىسى شۇكى، مەزھەبنىڭ رىۋايەتلىرىنى ۋە شەيخلەرنىڭ ئۇ ھەقتىكى تەئۋىللىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ رىۋايەتلەردە يۈز بەرگەن ئىختىلاپ ھەققىدىكى تەۋجىھلىرىنى، دەماللىققا بىر – بىرى بىلەن مۇناسىۋىتى يوقتەك كۆرۈنگەن مەسىلىلەرنى قانداق جىپسىلاشتۇرۇشلىرىنى، ئۆزئارا يېقىندەك كۆرۈنگەن مەسىلىلەرنى قانداق ئايرىغانلىقلىرىنى ۋە باشقا ئىشلارنى چوڭقۇر بىلىدىغان بولغاي. بۇ ھەقتە قەيرەۋانلىقلاردىن ئىبارەت كېيىنكى ئالىملار ئۆزلىرىنىڭ كىتابلىرىدا كەڭ توختالغان ۋە ئىمام مالىكنىڭ شاگىرتلىرىدىن ئىبارەت ئىلگىرىكىلەرمۇ ئۆزلىرىنىڭ رىۋايەتلىرىدە ئۇنىڭغا ئىشارەت قىلغان»(31).
مەزھەبنىڭ تارقىلىشى
[188] ئۇشبۇ مەزھەب كۆپلىگەن دىيارلارغا تارالغان. مەنتىقىلىق جەھەتتىن ئېيتقاندا، بۇ مەزھەب ھىجاز دىيارىغا كۆپ تارقالسا بولاتتى. چۈنكى، مەزھەبنىڭ تۇغۇلغان ۋە رەتلەنگەن جايى ھىجاز ئىدى، ھىجاز مۇھىتىدىن سۇغۇرۇلغان ئىدى. لېكىن، كۈنلەر بىر – بىرىگە ئۇلىشىپ ئۆتۈپ، ھىجاز دىيارىنىڭ ئەھۋالى ئۆزگىرىپ تۇرغان. مالىكىي مەزھەب ھىجازدا بىر كۆتۈرۈلسە، يەنە بىر پەسەيگەن. ھەتتا تارىخچىلارنىڭ دېيىشىچە، تا ھ. 793 – يىلى ئىبنى فەرھۇن مەدىنەنىڭ قازىلىقىغا ئىگە بولغۇچە، مالىكىي مەزھەب مەدىنەدە ئۇزۇن زامان پەسىيىپ قالغان.مالىكىي مەزھەب مىسىردا ئىمام مالىكنىڭ دەۋرىدىلا زاھىر بولغان. ئىمام مالىكنىڭ ئابدۇرراھمان ئىبنى قاسىم، ئوسمان ئىبنى ھەكەم، ئابدۇررەھىم ئىبنى خالىد، ئەشھەب قاتارلىق شاگىرتلىرى ۋە ئۇلاردىن باشقا مىسىرنى ماكان تۇتقان شاگىرتلار مىسىرغا مالىكىي مەزھەبنى كىرگۈزگەن. مالىكىي مەزھەب تا شافىئىي مەزھەبى مەيدانغا كەلگۈچە مىسىردا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن. شافىئىي مەزھەبى كەلگەندىن كېيىن، ئىككى مەزھەب مىسىردا ئۈستۈنلۈك تالىشىپ، ئاخىرىدا ئىككىلى مەزھەب غالىب بولغان. ئىبادەتلەرگە نىسبەتەن ھېلىھەم شۇنداق داۋاملاشماقتا.
تۇنىس دىيارىدا مالىكىي مەزھەب تارالغان. لېكىن، باشتا مالىكىي بولۇپ كېيىن ھەنەفىيگە ئايلانغان ئەسەد ئىبنى فۇراتنىڭ سەلتەنىتى دەۋرىدە مالىكىي مەزھەبنى ھەنەفىي مەزھەبى بېسىپ كەتكەن. ئەسەد ئىبنى فۇرات ئىمام مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن شەيبانىيدا ئىراق فىقھىسى كىتابلىرىنى ئوقۇغان. شۇنىڭدىن كېيىن مۇئىز ئىبنى بادىس مەيدانغا كېلىپ، تۇنىس خەلقىنى ۋە ئۆزى ئىگىدارلىق قىلغان مەغرىب دىيارلىرىنى ئىمام مالىكنىڭ مەزھەبىگە ئۈندىگەن. بۇ دىيارلار ھازىر مالىكىي مەزھەبنىڭ تەلىپى بويىچە ئىبادەت قىلىپ كەلمەكتە.
[189] ئەندەلۇستا مالىكىي مەزھەب سەلتەنەت ئىگىسى ئىدى. تارىخچىلار ئېيتقانكى: ئەندەلۇس خەلقى بىر مەزگىل شام فەقىھى بولغان ئىمام ئەۋزائىي (ھ. 88 – 157/م. 707 – 774) نىڭ مەزھەبىنى تۇتقان. مالىكىي مەزھەب كەلگەندىن كېيىن، بۇ مەزھەب ئەندەلۇسنى ئىگىلەپ كەتكەن. ئەندەلۇس ئەمىرىنىڭ نەزەرىدە زور مەرتىۋە قازانغان يەھيا ئىبنى يەھيا قازىلىققا ئىگە بولغان چاغدا، مالىكىي مەزھەب دۆلەتنىڭ كۈچىدىن كۈچ ئالغان. (قازىكالان) يەھيا ئىبنى يەھيا پەقەتلا ئۆزىنىڭ مالىكىي مەزھەبىنىڭ فۇقەھائلىرىنى قازىلىققا تەيىنلەيتتى، خۇددى ئەبۇ يۈسۈف ئابباسىيلار دۆلىتىدە قازىكالان مەنسىپىگە ئېرىشكەن چاغدا قىلغاندەك. ئىمام ئىبنى ھەزم ئەندەلۇسىي بۇ ھەقتە: «دەسلىپىدە كۈچ ۋە ھوقۇق بىلەن تارالغان ئىككى مەزھەب بار: بىرى، شەرقتە ھەنەفىي مەزھەب. يەنە بىرى، ئەندەلۇستا مالىكىي مەزھەب» دېگەن. مالىكىي مەزھەب مەغرىبتىمۇ ئەنە شۇنداق تارالغان ئىدى.ئىمام مالىكنىڭ مەزھەبىنىڭ مۇشۇنداق ئىسلام دىيارلىرىنىڭ غەربىدە تارالغانلىقىنى كۆرىمىز. ئىسلام دىيارىنىڭ شەرقىدە پەقەتلا ئىراق ۋە ئۇنىڭ چۆرىسىدىكى يەرلەرگە ئازلا تارالغان. چۈنكى، ئۇنىڭ شاگىرتلىرىنىڭ كۆپى مىسىر ۋە تۇنىستا تۇرغان. شۇ ئىككى يەردىن غەرب تەرەپتىكى پۈتۈن جايلارغا تارقالغان.
ئىسلام مەزھەبلىرى تارىخى/ تاريخ المذاهب الإسلامية؛ ئىمام مۇھەممەد ئەبۇ زەھرە؛ مۇھەممەد قاۋۇل قاراخانىي تەرجىمىسى؛ ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى
1. ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 4/113، ئەلمەكتەبە ئەسسەلەفىييە، قاھىرە، ھ. 1380.
2. ئۇ دەۋردە ئەرەبلەردە ئوغۇل بالىلارنىڭ قۇلىقىنىڭ تۆۋەن تەرىپىگە ئەمەس، ئۈستى تەرىپىگە زىننەت سۈپىتىدە ھالقا ئېسىپ قويىدىغان ئادەت بار ئىدى.
3. ئىبنى فەرھۇن: «ئەددىيباجۇل مۇزەھھەب (الديباج المذهب)»، 117 – بەت، دارۇتتۇراس، قاهىرە.
4. قازى ئىياز: «تەرتىيبۇل مەدارىك»، 1/134، فەزالە ئەلمۇھەممەدىييە، ماراكەش.
5. قازى ئىياز: «تەرتىيبۇل مەدارىك»، 1/136.
6. ئىبنى ئابدۇلبەر: «ئەلئىنتىقاﺋ»، 17 – بەت.
7. تىرمىزىي (2680)؛ ھاكىم (307)؛ بەيھەقىي: «ئەسسۈنەنۇل كۇبرا»، (1681). ئالبانىي: «زەئىف» دېگەن. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەتى.
8. ھامىل: توشۇغۇچى، كۆتۈرگۈچى. قاراڭ: خەمىت تۆمۈر، ئابدۇررەئۇپ پولات: «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، 665 – بەت.
9. قازى ئىياز: «تەرتىيبۇل مەدارىك»، 2/52.
10. قازى ئىياز: يۇقىرىقى مەنبە، 2/20.
11. قازى ئىياز: «تەرتىيبۇل مەدارىك»، 1/162.
12. شاھ ۋەلىيۇللاھ دىھلەۋىي: «ھۆججەتۇللاھ ئەلبالىغە»، 1/480.
13. شاھ ۋەلىيۇللاھ دىھلەۋىي: «ھۆججەتۇللاھ ئەلبالىغە»، 1/481، 482.
14. قازى ئىياز: «تەرتىيبۇل مەدارىك»، 2/15؛ ئىبنى فەرھۇن: «ئەددىيباجۇل مۇزەھھەب»، 1/109.
15. قازى ئىياز: «تەرتىيبۇل مەدارىك»، 1/180.
16. قازى ئىياز: يۇقىرىقى مەنبە.
17. قازى ئىياز: «تەرتىيبۇل مەدارىك»، 1/188.
18. ئىبنى فەرھۇن: «ئەددىيباجۇل مۇزەھھەب»، 1/18.
19. ئىبنى فەرھۇن: «ئەددىيباجۇل مۇزەھھەب»، 1/19.
20. قازى ئىياز: «تەرتىيبۇل مەدارىك»، 1/92.
21. قازى ئىياز: «تەرتىيبۇل مەدارىك»، 1/128؛ ئىبنى فەرھۇن: «ئەددىيباجۇل مۇزەھھەب»، 1/96.
22. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ: «لَيْسَ لِمُكْرَهٍ وَلاَ لِمُضْطَهَدٍ طَلاَقٌ / مەجبۇرلانغۇچى ياكى زورلانغۇچىنىڭ قىلغان تالىقى ئىناۋەتسىز» دېگەنلىكىنى ئىمام سەئىد ئىبنى مەنسۇر («ئەسسۈنەن»، 1143)، ئىبنى ئەبى شەيبە (18330) لەر سەھىھ سەنەد بىلەن مەۋقۇف رىۋايەت قىلغان. ئىمام بۇخارىيمۇ «سەھىھ»ىدە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ: «طَلاَقُ السَّكْرَانِ وَالْمُسْتَكْرَهِ لَيْسَ بِجَائِزٍ / مەست بىلەن مەجبۇرلانغان كىشىنىڭ تالىقى ئىناۋەتسىز» دېگەنلىكىنى مۇئەللەق رىۋايەت قىلغان. قاراڭ: «تالاق بۆلۈمى»، 10 – باب.
23. قازى ئىياز: «تەرتىيبۇل مەدارىك»، 2/49.
24. قازى ئىياز: «تەرتىيبۇل مەدارىك»، 1/170.
25. ھاكىم (4884). ئالبانىي: «ھەسەن» دېگەن. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەتى.
26. سۇيۇتىي «تەدرىبۇرراۋىي (تدريب الراوي)» (1/79) دا ئىمام بۇخارىينىڭ شۇنداق قارايدىغانلىقىنى نەقىل قىلغان.
27. «فِى كُلِّ سَائِمَةِ إِبِلٍ فِى أَرْبَعِينَ بِنْتُ لَبُونٍ / يايلىتىپ بېقىلغان تۆگىلەرنىڭ قىرىقىغا ئېمىۋاتقان بىر چىشى بوتىلاق زاكات كېلىدۇ»، ئەبۇ داۋۇد (1575)؛ نەسائىي (2444). ئالبانىي: «ھەسەن» دېگەن. مۇئاۋىيە ئىبنى قۇررە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەتى.
28. نەسائىي (337)؛ بەززار: «مۇسنەد»، (8887)؛ ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەتى.
29. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (2079)؛ مۇسلىم (1532). ھەكىم ئىبنى ھىزام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەتى.
30. شاتىبىي: «ئەلئىئتىسام»، 3/39.
31. ھەتتاب: «مەۋاھىبۇل جەلىل (مواهب الجليل في شرح مختصر خليل)»، 6/97، دارۇلفىكر، بېيرۇت.