ئەھكاملاردىكى مەقسەتلەر

ئەھكاملاردىكى مەقسەتلەر

[60] ئىسلام شەرىئىتى ئىنسانلارغا رەھمەت بولۇپ كەلدى. بۇ ھەقتە ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا پەيغەمبىرىگە خىتاب قىلىپ ئېيتقانكى: ﴿وَمَآ أَرۡسَلۡنَٰكَ إِلَّا رَحۡمَةٗ لِّلۡعَٰلَمِينَ / (ئى پەيغەمبەر!) سېنى بىز پۈتۈن ئەھلى جاھان ئۈچۈن پەقەت رەھمەت قىلىپلا ئەۋەتتۇق﴾(21/«ئەنبىياﺋ»: 107)، ﴿يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ قَدۡ جَآءَتۡكُم مَّوۡعِظَةٞ مِّن رَّبِّكُمۡ وَشِفَآءٞ لِّمَا فِي ٱلصُّدُورِ وَهُدٗى وَرَحۡمَةٞ لِّلۡمُؤۡمِنِينَ / ئى ئىنسانلار! سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن نەسىھەت بولغان، دىللاردىكى دەردكە (يەنى شەك ۋە نادانلىققا) شىپا بولغان، مۇئمىنلەرگە ھىدايەت ۋە رەھمەت بولغان (قۇرئان) كەلدى﴾(10/«يۇنۇس»: 57). شۇڭلاشقا، ئىسلام ئۆزىنىڭ ئەھكاملىرى ئارقىلىق مېھىر – مۇھەببەت ۋە ئادالەت ھۆكۈم سۈرگەن ئۇلۇغۋار بىر جەمئىيەت قۇرۇشنى غايە قىلغان. بۇ يۈكسەك غايە مۇنداق ئۈچ تەرەپتىن ئەمەلىيلىشىدۇ:

بىرىنچى تەرەپ: شەخسنى تەربىيەلەش

يەنى شەخسنىڭ ئۆزىنىڭ توپىغا خەير مەنبەسى بولۇشى ئۈچۈن، شەخسنى تەربىيەلەش. بۇ ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا بېكىتكەن ئىبادەتلەر بىلەن ئىشقا ئاشىدۇ. ئۇ ئىبادەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ نىشانى بىرىنچىدىن: نەفسلەرنى تازىلاش؛ ئىككىنچىدىن: ئىجتىمائىي ئالاقىلەرنى چىڭىتىشتۇر. ئىبادەتلەر نەفسلەرنى ھەسەت ۋە ئۆچمەنلىك كىرلىرىدىن تازىلايدۇ ۋە مۇئمىنلەر ئارىسىدا ئىتتىپاقلىق روھىنى ئۆستۈرىدۇ، زۇلۇم ۋە بۇزۇقچىلىقتىن يىراقلىتىدۇ. شۇ جەھەتتىن، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئىبادەتلەرنىڭ بېشى بولغان ناماز ھەققىدە ئېيتقانكى: ﴿إِنَّ ٱلصَّلَوٰةَ تَنۡهَىٰ عَنِ ٱلۡفَحۡشَآءِ وَٱلۡمُنكَرِۗ وَلَذِكۡرُ ٱللَّهِ أَكۡبَرُۗ / ناماز ھەقىقەتەن قەبىھ ئىشلاردىن ۋە گۇناھلاردىن توسىدۇ، ئاللاھنى ياد ئېتىش ھەممىدىن (يەنى ئۇنىڭدىن باشقا ھەممە ئىبادەتتىن) ئۇلۇغدۇر﴾(29/«ئەنكەبۇت»: 45). ئىبادەتلەر ئۆزىنىڭ كۆرۈنۈشلىرى بىلەن ۋە كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن توپلىنىشلىرى بىلەن شەخسىي ۋە ئىجتىمائىي بىر تەربىيەدۇر. روزىمۇ شۇنداق، ھەجمۇ شۇنداقتۇر. تىل، رەڭ ۋە ماكانلىرى ھەر خىل بولسىمۇ، مۇھەببەت ۋە باراۋەرلىككە تولغان بىر جەمئىيەت بەرپا قىلىشتا ھەجنىڭ رولى تېخىمۇ روشەندۇر. ئاندىن زاكاتمۇ شۇنداق. زاكات دېمەك باي بىلەن كەمبەغەل ئوتتۇرىسىدىكى ئىجتىمائىي ھەمكارلىق دېمەكتۇر. شۇڭا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋالىيلارنى زاكات توپلاشقا بۇيرۇغاندا: «خُذْهَا مِنْ أَغْنِيَائِهِمْ وَرُدَّهَا عَلَى فُقَرَائِهِمْ / ئۇنى كىشىلەرنىڭ بايلىرىدىن ئېلىپ، كەمبەغەللىرىگە بەر»(1) دەيتتى.

ئىككىنچى تەرەپ: ئىسلام جامائىتى ئىچىدە ئادالەت بەرپا قىلىش

بۇ ئادالەت ئىسلام جامائىتى ئىچىدىكى ئۆزئارا ئادالەتنىمۇ ۋە باشقا جامائەتلەرگە بولغان ئادالەتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا، ئاللاھ تائالا ئېيتقانكى: ﴿وَلَا يَجۡرِمَنَّكُمۡ شَنَـَٔانُ قَوۡمٍ عَلَىٰٓ أَلَّا تَعۡدِلُواْۚ ٱعۡدِلُواْ هُوَ أَقۡرَبُ لِلتَّقۡوَىٰۖ / بىرەر قەۋمگە بولغان ئۆچمەنلىكىڭلار (ئۇلارغا) ئادىل بولماسلىقىڭلارغا سەۋەب بولمىسۇن، ئادىل بولۇڭلار، بۇ تەقۋادارلىققا ئەڭ يېقىندۇر﴾(5/«مائىدە»: 8).

ئىسلامدا ئادالەت ئەڭ يۈكسەك مەقسەتتۇر. ئىسلام (شەرئىي) ئەھكاملاردا، قازىلىق ھۆكۈملىرىدە ۋە گۇۋاھلىقلاردا، ھەر ئىشتا ئادالەتنى كۆزلەيدۇ، مۇئمىننىڭ باشقىلار بىلەن قىلغان مۇئامىلىسىدىمۇ ئادالەتنى كۆزلەيدۇ ۋە باشقا كىشىلەرنىڭمۇ مۇئمىننىڭ ھوقۇقلىرىغا ئوخشاش ھوقۇقلىرى بارلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ناھايىتى روشەن بايان قىلىپ: «أَحِبَّ لِلنَّاسِ مَا تُحِبُّ لِنَفْسِكَ / ئۆزۈڭگە ياخشى كۆرگەننى باشقىلارغىمۇ ياخشى كۆرگىن» دېگەن(2).

ئىسلام قانۇنىي ئادالەتنى ۋە ئىجتىمائىي ئادالەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلىپ، ئىنسانلارنى قانۇن ئالدىدا باراۋەر قىلدى. دېمەك، باي بىلەن كەمبەغەلنىڭ ئارىسىدا پەرق يوق، ئىسلامدا بىر تەبىقە يەنە بىر تەبىقىدىن ئىمتىيازلىقراق بولىدىغان دەرىجىدىكى تەبىقىلەر يوق. بەلكى كۈچلۈكمۇ ئاجىز بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئاجىزنىڭ ھەققى ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئاجىز كۈچلۈك بولۇپ، ئۇنىڭغا ھەققى ئېلىپ بېرىلىدۇ. ھەممە ئىنسان بىر تەبىقىدۇركى، بىر رەڭ بىلەن يەنە بىر رەڭ ئوتتۇرىسىدا، بىر جىنس بىلەن يەنە بىر جىنس ئوتتۇرىسىدا پەرق يوق. شۇنىڭ ئۈچۈن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ: «كُلُّكُمْ لِآدَمَ وَآدَمُ مِنْ تُرَابٍ لَا فَضْلَ لِعَرَبِيٍّ عَلَى عَجَمِيٍّ إِلَّا بِالتَّقْوَى / ھەممىڭلار ئادەمنىڭ بالىلىرى، ئادەم تۇپراقتىن يارىتىلغان. ئەرەب ئەجەمدىن ئارتۇق ئەمەس، ئارتۇقچىلىق پەقەت تەقۋالىق بىلەن بولىدۇ»(3). ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئېيتىدۇ: ﴿يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ إِنَّا خَلَقۡنَٰكُم مِّن ذَكَرٖ وَأُنثَىٰ وَجَعَلۡنَٰكُمۡ شُعُوبٗا وَقَبَآئِلَ لِتَعَارَفُوٓاْۚ إِنَّ أَكۡرَمَكُمۡ عِندَ ٱللَّهِ أَتۡقَىٰكُمۡۚ / ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىز ھەقىقەتەن بىر ئەر، بىر ئايالدىن (يەنى ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن ئىبارەت بىر ئاتا، بىر ئانىدىن) ياراتتۇق. ئۆزئارا تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق، ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر (يەنى كىشىلەرنىڭ بىر ـ بىرىدىن ئارتۇق بولۇشى نەسەب بىلەن ئەمەس، تەقۋادارلىق بىلەن بولىدۇ)﴾(49/«ھۇجۇرات»: 13).

[61] ئىجتىمائىي ئادالەتنى ئىجتىمائىي ھەمكارلىقنىڭ ئەڭ مۇكەممەل شەكلىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئىسلام ئىنساننى ئىنسان بولغانلىقى ئۈچۈن ھۆرمەتلەشنى ۋاجىب قىلدى. شۇڭا، ئۇرۇشلاردا گەر دۈشمەن بىزنىڭ شېھىتلىرىمىزنىڭ چىرايلىرىنى بۇزۇۋەتسىمۇ، بىزنى دۈشمەننىڭ چىرايىنى بۇزۇشتىن چەكلىدى. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئىنساننىڭ ھۆرمىتىنى جاكارلاپ ئېيتقانكى: ﴿وَلَقَدۡ كَرَّمۡنَا بَنِيٓ ءَادَمَ وَحَمَلۡنَٰهُمۡ فِي ٱلۡبَرِّ وَٱلۡبَحۡرِ وَرَزَقۡنَٰهُم مِّنَ ٱلطَّيِّبَٰتِ وَفَضَّلۡنَٰهُمۡ عَلَىٰ كَثِيرٖ مِّمَّنۡ خَلَقۡنَا تَفۡضِيلٗا / شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز ئادەم بالىلىرىنى ھۆرمەتلىك قىلدۇق، ئۇلارنى قۇرۇقلۇقتا (ئۇلاغلارغا) مىندۇردۇق، دېڭىزدا (كېمىلەرگە) چىقاردۇق، ئۇلارنى شېرىن يېمەكلىكلەر بىلەن رىزىقلاندۇردۇق، ئۇلارنى مەخلۇقاتلىرىمىزنىڭ نۇرغۇنىدىن ئۈستۈن قىلدۇق﴾(17/«ئىسراﺋ»: 70).

ئىجتىمائىي ئادالەتنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش يولىدا، ئىسلام ھەر ئىنسانغا ئىسلام بايرىقى سايىسى ئاستىدا ئىشلەش پۇرسىتى بەردى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ئۈممەتنىڭ ھەربىر ئىشچى ئەزاسىنىڭ ئۆزىنىڭ تالانتى ۋە ئىقتىدارىغا بېقىپ ئىشلىيەلەشلىرى ئۈچۈن، ئۇلارنى تەربىيەلەشنى ۋاجىب قىلدى.

بۇ ھەقتە مالىكىيلاردىن بەزى فۇقەھائ‍ تۆۋەندىكىدەك دېگەن ۋە باشقىلارمۇ ئۇنىڭغا قارشى پىكىر بىلدۈرمىگەن: «تەلىم ئۈچ باسقۇچلۇق بولىدۇ: بىرىنچى باسقۇچتا ئۈممەتنىڭ ھەممە ياشلىرى تەلىم ئالىدۇ. شۇ بىرىنچى باسقۇچ ئېچىپ بەرگەن پىكرىي قابىلىيەت بىلەن ئىككىنچى باسقۇچقا كىرەلىگەنلەر كىرىدۇ. كىمنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتى ئۇ باسقۇچقا كىرەلمەي توختاپ قالسا، يەنىلا مۇسۇلمان جامائەت ئېھتىياجلىق بولىدىغان بىر پەرز كۇپايىدە توختاپ قالغان بولىدۇ. چۈنكى، ئۈممەت قول ھۈنەرۋەنلەرگە، يەر تېرىپ يەرگە قارايدىغان دېھقانلارغا، شۇنداقلا كۆپ تەپەككۇر تەلەپ قىلمايدىغان، بەلكى چېنىقتۇرۇلۇش ۋە ئىشلەش بىلەن ئىگەللىگىلى بولىدىغان ھەر خىل كەسىپلەردىكى ماھارەت ئىگىلىرىگە موھتاجدۇر. ئىككىنچى باسقۇچنى ئوڭۇشلۇق بېسىپ ئۆتكەنلەر يۇقىرى باسقۇچقا كىرەلەيدۇ، ئۇ بولسىمۇ ئۈچىنچى باسقۇچتۇر. بۇ ئاخىرقى باسقۇچقا كىرەلمەي توختاپ قالغان كىشى بىر پەرز كۇپايىدە توختىغان بولىدۇ. چۈنكى، مۇسۇلمان جامائەت ئىشلارغا رىياسەتچىلىك قىلالايدىغان، ئىشلارنى ئىنتىزاملىق چۆرگىلىتەلەيدىغان ئوتتۇراھال ساپالىقلارغا موھتاجدۇر. يۇقىرى باسقۇچنى بېسىپ ئۆتكەنلەر ئىچىدىن پىكىر يېتەكچىلىرى، ئىجادچىلار چىقىدۇ. ئۇلارنىڭ سانىغا بېقىپ ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ پىكرىي كۈچىگە بېقىپ ئۈممەت شۇنچە كۈچىيىدۇ، ماددىي ۋە روھىي جەھەتتىن شۇنچە يۈكسىلىدۇ. دېمەك، بۇلارنىڭ سانىنىڭ كۆپ بولۇشى ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ، بەلكى ئۇلارنىڭ كۈچى ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ».

ھېچكىمنىڭ ئۆزىنىڭ نېسىۋىسىنى كەم ئېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئىسلام ئەمەللەرنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەمەللەر بىلەن باراۋەر قىلدى. كىمكى ياخشى بىر ئەمەل قىلسا، ئۇنىڭ نەتىجىلىرىنى ئالىدۇ. شەخسنىڭ ئالىدىغان مۇكاپاتى ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ياراتقان ئۈنۈمىگە بېقىپ بولىدۇ.

ئىسلام شەرىئىتى ئايال كىشىگە قارىتا ئادالەتنى ئەڭ كامىل شەكىلدە ئىشقا ئاشۇردى. ئايال كىشىنىڭ ئېرىشكەن ھوقۇقلىرى بىلەن ئۈستىدىكى مەجبۇرىيەتلىرى باراۋەردۇر، خۇددى ئاللاھ تائالا ئېيتقاندەك: ﴿وَلَهُنَّ مِثۡلُ ٱلَّذِي عَلَيۡهِنَّ بِٱلۡمَعۡرُوفِۚ / قائىدە بويىچە ئاياللارنىڭ قانچىلىك مەجبۇرىيەتلىرى بار بولسا، شۇنچىلىك ھوقۇقلىرى باردۇر﴾(2/«بەقەرە»: 228).

ئىسلامدا ھەربىر ھەقنىڭ باراۋېرىدە مۇشۇنداق بىردىن مەجبۇرىيەت بار بولغان. نەتىجىدە ھەق بىلەن مەجبۇرىيەت ئوتتۇرىسىدا مۇستەھكەم بىر باغلىنىش بولغانىدى. شۇڭا، نۇرلۇق شەرىئەت يېرىملىتىشنى قوبۇل قىلىدىغان جازالاردا قۇلنىڭ جازاسىنى ھۆرنىڭ جازاسىنىڭ يېرىمى قىلغان. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا دېدەكلەر ھەققىدە ئېيتقانكى: ﴿فَإِذَآ أُحۡصِنَّ فَإِنۡ أَتَيۡنَ بِفَٰحِشَةٖ فَعَلَيۡهِنَّ نِصۡفُ مَا عَلَى ٱلۡمُحۡصَنَٰتِ مِنَ ٱلۡعَذَابِۚ / ئەگەر ئۇلار ئەرگە تەگكەندىن كېيىن پاھىشە قىلسا، ئۇلارغا ھۆر ئاياللارغا بېرىلىدىغان جازانىڭ يېرىمى بېرىلىشى كېرەك﴾(4/«نىساﺋ»: 25). بۇنىڭدىكى سەۋەب روشەندۇر. چۈنكى، جىنايەت دېمەك خارلىق دېمەكتۇر، جىنايەت كىشىلەر ھۆرمەت نەزەرى بىلەن ئەمەس، خارلىق نەزەرى بىلەن قارايدىغان ئادەمدىن ئاسان يۈز بېرىدۇ. شۇڭا، قۇللاردىن سادىر بولغان جىنايەت نوپۇزلۇق بىر ئادەمدىن يۈز بەرگەن جىنايەتتىن يېنىكرەك بولغان. ئۇنىڭغا ئەگىشىپ جازامۇ يېنىكرەك بولغان. بۇنىڭغا بىنائەن، جازا كىشىلەرنىڭ قەدىر- قىممىتىگە ماس ھالدا جارى بولىدۇ، ئەكسىچە ئەمەس. دېمەك، كىم چوڭ بولسا، جىنايىتىمۇ چوڭ بولىدۇ، جازاسىمۇ چوڭ بولىدۇ. كىم كىچىك بولسا، جىنايىتىمۇ كىچىك بولىدۇ، جازاسىمۇ كىچىك بولىدۇ. بۇ رىم قانۇنىنىڭ ئەكسىدۇر. رىم قانۇنىدا ئوخشاش بىر جىنايەت ئۈچۈن، ئاق سۆڭەكلەرگە كىچىك جازا بېرىلەتتى، ئاجىزلارغا ئۆلگۈدەك چوڭ جازا بېرىلەتتى.

ئىسلام كىشىلەر ئارىسىدا پەزىلەت، مۇھەببەت ۋە ئادالەت ھۆكۈم سۈرمەي، ئىجتىمائىي ئادالەتنىڭ ۋۇجۇدقا چىقمايدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى ۋە مۇئمىننىڭ مەنپەئەتى دائىرىسىگە ئۇنىڭ دىنىي قېرىندىشىنىڭ مەنپەئەتىنىمۇ كىرگۈزدى. شۇ سەۋەبتىن، ئالىملار تۆۋەندىكى بۇ ئايەتنى «قۇرئان مەنىلىرىنى ئەڭ جۇغلىغان ئايەت» دېگەن: ﴿إِنَّ ٱللَّهَ يَأۡمُرُ بِٱلۡعَدۡلِ وَٱلۡإِحۡسَٰنِ وَإِيتَآيِٕ ذِي ٱلۡقُرۡبَىٰ وَيَنۡهَىٰ عَنِ ٱلۡفَحۡشَآءِ وَٱلۡمُنكَرِ وَٱلۡبَغۡيِۚ يَعِظُكُمۡ لَعَلَّكُمۡ تَذَكَّرُونَ / ئاللاھ ھەقىقەتەن (كىشىلەر ئارىسىدا) ئادىل بولۇشقا، (جىمى خەلققە) ياخشىلىق قىلىشقا، خىش ـ ئەقرىبالارغا سىلە ـ رەھىم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، قەبىھ (سۆز ـ ھەرىكەتلەر) دىن، يامان ئىشلاردىن ۋە زۇلۇم قىلىشتىن توسىدۇ. نەسىھەتنى قوبۇل قىلسۇن دەپ، ئاللاھ سىلەرگە پەند ـ نەسىھەت قىلىدۇ﴾(16/«نەھل»: 90).

ئۈچىنچى تەرەپ: مەسلەھەنى ھاسىل قىلىش ۋە مەفسەدەنى دەﻓﺌ قىلىش

ئەنە شۇ، ئىسلامىي ئەھكاملارنىڭ ھەممىسىدە ئۆزگەرمەس مۇھەققەق بىر غايىدۇر. ئىسلام كىتاب ۋە سۈننەت ئارقىلىق قانداقلىكى بىر ئىشنى يولغا قويغان بولسا، ئۇنىڭدا ھەقىقىي بىر مەسلەھە باردۇر، لېكىن ھاۋايى – ھەۋەس ئورىۋالغان بەزى كۆزلەرگە بۇ مەسلەھە كۆرۈنمەيدۇ. ئىسلام ۋۇجۇدقا چىقىرىشنى كۆزلىگەن مەسلەھە ھاۋايى – ھەۋەس ئەمەس، بەلكى ئۇ ھەقىقىي مەسلەھەدۇر، خۇسۇسىي ئەمەس، ئومۇمىي مەسلەھەدۇر. بۇ تېما ئىسلام شەرىئىتىدە مۇھىم ئورۇن تۇتقانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ھەقتە ئىخچام شەكىلدە بىرئاز تەپسىلىي سۆزلەيمىز.

ئىسلامدا كۆزلەنگەن مەسلەھە

[62] بىز بۇ يەردە شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرىمىزكى، ئىسلام كۆزلىگەن ھەقىقىي مەسلەھە «قۇرئان كەرىم» ۋە ھەدىس شەرىف نەسلىرى بىلەن ئىسپاتلانغان ئىسلامىي ئەھكاملاردا مەۋجۇدتۇر، شۇنداقلا ھەقىقىي مەسلەھە نەسلەر ئۆز ئىچىگە ئالغان مەسلەھەلەرگە ئوخشايدىغان ياكى شۇ مەسلەھەلەرنىڭ جىنسىدىن بولغان ئىشلاردىمۇ مەۋجۇدتۇر. فەقىھ بولسۇن ياكى بولمىسۇن، ھېچكىمنىڭ نەسلەرگە زىت كېلىدىغان بىر مەسلەھەنى ئىسلامنىڭ نەزەرىدىكى مەسلەھە دەپ دەۋا قىلىش ھەققى يوقتۇر. چۈنكى، بۇنداق مەسلەھە «قۇرئان» ۋە «ھەدىس» ئەگىشىشتىن توسقان ھاۋايى – ھەۋەسنىڭ ئۆزىدۇر.

بارلىق نەسلەر بىردەك ئېتىبارغا ئالغان مەسلەھە تۆۋەندىكى بەش ئىشنى قوغداشتۇر: دىن، جان، مال، ئەقىل، نەسىل. بۇنداق بولۇشى، چۈنكى ئىنسان ياشاۋاتقان دۇنيا مۇشۇ بەش ئىش ئۈستىگە قۇرۇلىدىغان بولۇپ، ئىنسانىي يۈكسەك ھايات شۇ بەش ئىش بىلەن تاكامۇل بولىدۇ. ئىنساننىڭ ئىززەت – ھۆرمىتى شۇلارنى مۇھاپىزەت قىلىشتىدۇر.

1. دىننى قوغداش

شۈبھىسىزكى، ھايۋانلىق دەرىجىسىدىن ئىنسانلىق دەرىجىسىگە يۈكسەلمەكچى بولغان ئىنسان ئۈچۈن دىن بولمىسا بولمايدۇ. چۈنكى، دىندارلىق ئىنساننىڭ ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرىدۇر. ئىنساننىڭ ئېتىقاد قىلغان دىنى ھەرقانداق تاجاۋۇزدىن قوغدالمىقى لازىمدۇر. ئىسلام ئۆزىنىڭ ئەھكاملىرى بىلەن دىنىي ئەركىنلىكنى ھىمايە قىلغان. بۇ توغرۇلۇق ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا: ﴿لَآ إِكۡرَاهَ فِي ٱلدِّينِۖ قَد تَّبَيَّنَ ٱلرُّشۡدُ مِنَ ٱلۡغَيِّۚ / دىندا (ئۇنىڭغا كىرىشكە) زورلاش يوقتۇر، ھىدايەت گۇمراھلىقتىن ئېنىق ئايرىلدى﴾(2/«بەقەرە»: 256) دېگەن ۋە ئىنسانلارغا ئېتىقاد قىلغان دىنى سەۋەبلىك زىيانكەشلىك قىلىشتىن توسقان ھەمدە مۇئمىنگە دىنى سەۋەبلىك قىلىنغان زىيانكەشلىكنى قاتىللىقتىنمۇ يامان گۇناھ دەپ سانىغان. شۇڭا، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا: ﴿وَٱلۡفِتۡنَةُ أَشَدُّ مِنَ ٱلۡقَتۡلِۚ / (مۇئمىنگە دىنى سەۋەبلىك) زىيانكەشلىك قىلىش قاتىللىقتىنمۇ ياماندۇر﴾ (2/«بەقەرە»: 191) دېگەن(4).

شۈبھىسىزكى، بارلىق ئىبادەتلەر دىندارلىقنى قوغداش ۋە ئۇنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن، شۇنداقلا نەفسنى دىنىي مەنىلەر بىلەن مۇستەھكەملەش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان.

2. جاننى قوغداش

بۇ دېگىنىمىز «ئەزىز ۋە قىممەتلىك بولغان بۇ ھاياتنىڭ ھەققىنى مۇھاپىزەت قىلىش» دېمەكتۇر. جاننى قوغداش ئۆلتۈرۈلۈش ياكى ئەزالىرى كېسىلىش، ياكى جىسمانىي جاراھەتلىنىشتەك ھەرقانداق تاجاۋۇزچىلىقتىن جاننى ھىمايە قىلىشنى تەقەززا قىلىدۇ. تىل – ئاھانەت، تۆھمەت ۋە ئۇندىن باشقا ئىنساننىڭ ھۆرمىتىگە تېگىدىغان ھەرقانداق بىر ئىشنى توسۇش ئارقىلىق ئىنسانىي ئىززەت – ھۆرمەتنى قوغداشمۇ جاننى قوغداشنىڭ قاتارىدىندۇر. يوللۇق بىر سەۋەب يوق ھالدا، ئىنساننىڭ پائالىيىتىگە چەك قويىدىغان ھەرقانداق ئىشنى توسۇشمۇ جاننى قوغداشنىڭ قاتارىدىندۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىسلام دىنى ئىشلەش ئەركىنلىكى، پىكىر ۋە كۆزقاراش ئەركىنلىكى، تۇرۇش ئەركىنلىكى، ئۇندىن باشقا ئۇلۇغۋار بىر جەمئىيەت دائىرىسى ئىچىدە ئۆزىنىڭ پائالىيىتىنى ھېچبىر تاجاۋۇزسىز ئېلىپ بارالايدىغان ئەركىن ۋە ھۆرمەتلىك ئىنسانىي ھاياتنىڭ ئاساسىي ئامىللىرىدىن سانىلىدىغان ئىشلاردىكى ئەركىنلىكلەرنىمۇ ھىمايە قىلغان.

3. ئەقىلنى قوغداش

ئەقىلنى قوغداش دېمەكلىك «كىشىنى جەمئىيەتكە يۈك قىلىپ قويىدىغان، كىشىلەرگە ئەزىيەت ۋە يامانلىق مەنبەسى قىلىپ قويىدىغان بىرەر زىياننىڭ يېتىپ قېلىشىدىن ئەقىلنى ساقلاش» دېمەكلىكتۇر. ئەقىلنى قوغداش مۇنداق ئۈچ تۈرلۈك ئىشنى مەقسەت قىلىدۇ:

بىرىنچى: ئىسلامىي جەمئىيەت ئەزالىرىدىن ھەربىر ئەزانىڭ جەمئىيەتكە ياخشىلىق ۋە مەنپەئەت يەتكۈزەلەيدىغان دەرىجىدە ساغلام بولۇشىدۇر. چۈنكى، جەمئىيەت ئەزالىرىدىن ھەربىر ئەزانىڭ ئەقلى ئۇنىڭغىلا تەئەللۇق ھەق ئەمەس، بەلكى ھەربىر شەخسنىڭ جەمئىيەت قۇرۇلمىسىنىڭ بىر پارچىسى بولۇشى ئېتىبارى بىلەن، ئۇنىڭدا جەمئىيەتنىڭمۇ ھەققى بار. چۈنكى، ھەربىر شەخس ئۆزىنىڭ ئەمگىكى بىلەن جەمئىيەتتىكى بىر بوشلۇقنى ئېتىشكە مەسئۇلدۇر، شۇڭا جەمئىيەتنىڭ شەخسنىڭ ساغلاملىقىنى كۆزىتىش ھەققى بار.

ئىككىنچى: دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئەقلى زىيانغا ئۇچرىغان كىشى كۆپچىلىككە يۈك بولىدۇ. ئەھۋال شۇنداق ئىكەن، كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەقلىگە زىيان يېتىشىنى توسۇپ قالىدىغان ئىسلامىي ئەھكاملارغا بويسۇنمىقى لازىمدۇر.

ئۈچىنچى: ئەقلى بىرەر زىيان بىلەن ئەيبناك بولغان كىشى جەمئىيەتكە زىيانلىق بولىدۇ، جەمئىيەتكە ئەزىيەت ۋە دەخلى – تەرۇز يەتكۈزىدۇ. شۇڭا، شەرىئەتنىڭ ئەقىلنى يامانلىقلاردىن ۋە گۇناھلاردىن ساقلاش ئۈچۈن، ئەقىلنى بۇزىدىغان نەرسىلەرنى ئىشلىتىشتىن چەكلەيدىغان جازالار بىلەن ئەقىلنى ئاسرىشى شەرىئەتنىڭ ھەققىدۇر. شەرىئەت بەلگىلىمىلىرى داۋالاشقا ھەرىكەت قىلغاندەك، ساقلىقنى ساقلاشقىمۇ ھەرىكەت قىلىدۇ. شۇ جەھەتتىن، ئىسلام شەرىئىتى ھاراق ئىچكەنلەرنى ياكى ھەرقانداق ئەقىلنى يوقىتىدىغان ئىچىملىك ۋە چېكىملىكلەرنى ئىستېمال قىلغانلارنى جازالىغان.

4. نەسىلنى قوغداش

نەسىلنى قوغداش دېمەك «ئىنسان تۈرىنى قوغداش، ئىنسان ئەۋلادلىرىنى سۆيگۈ ۋە مېھىر بىلەن يېتىشتۈرۈش» دېمەكتۇر. بۇ، ھەر بالىنىڭ ئاتا – ئانىسىنىڭ قوينىدا تەربىيەلىنىشى بىلەن ۋە بالىنىڭ قوغدايدىغان بىر ھىمايىچىسى بولۇشى بىلەن ئەمەلىيلىشىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، نىكاھنى تەرتىپكە سالماق لازىم بولىدۇ ۋە ئەر – خوتۇنچىلىق تۇرمۇشىغا چېقىلىشنى مەنئى قىلماق لازىم بولىدۇ، شۇنىڭدەك يەنە زىنا – پاھىشە بىلەن بولسۇن ياكى قارا چاپلاش بىلەن بولسۇن، يۈز – ئابرويلارغا چېقىلىشنىمۇ مەنئى قىلماق لازىم بولىدۇ. بۇنىڭ ھەممىسى ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئەر – خوتۇننىڭ جىسمىغا ئورۇنلاشتۇرغان ئىنسانىي ئامانەتكە چېقىلىشنى توسۇش ئۈچۈندۇر. شۇندىلا ئۇ ئىككىسىدىن ئىنسان ھاياتىنى بۇ زېمىندا داۋاملاشتۇرىدىغان، ئۇيۇشچان، گۈزەل خۇيلۇق، جىسمى ۋە مەنىۋىيىتى كۈچلۈك، ئۆزى ياشاۋاتقان جەمئىيەتكە ئارىلىشىپ ۋە بىرىكىپ ياشايدىغان نەسىللەر مەيدانغا كېلىدۇ.

نەسىلنى قوغداش ئۈچۈن زىنا جازاسى، تۆھمەت جازاسى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا تەئزىر(5) جازالىرى يولغا قويۇلغان.

5. مالنى قوغداش

مالنى قوغداش ئوغرىلىق ياكى بۇلاڭچىلىق، ياكى پارىخورلۇق، ياكى جازانىخورلۇق، ياكى ئۇندىن باشقا ئۇسۇللار بىلەن مالغا چېقىلىشنى توسۇش ئارقىلىق بولىدۇ. شۇنىڭدەك، مالنى قوغداش كىشىلەرنىڭ ئۆزئارا ئادىللىق ۋە رازىمەنلىك ئاساسىدا مۇئامىلە قىلىشىنى ئىنتىزاملاشتۇرۇش، مالنى كۆپەيتىشكە ھەرىكەت قىلىش، مالنى ئىشەنچلىك ۋە مەسئۇلىيەتچان كىشىلەرگە تاپشۇرۇش ئارقىلىقمۇ بولىدۇ. شەخسلەرنىڭ قوللىرىدىكى مال پۈتۈن ئۈممەت ئۈچۈن كۈچتۇر. شۇڭا، ئۇنى ئادىل تەقسىملەش، ئىشلەپچىقارغۇچىلارنى قوللاش، ئومۇمىي كىرىم مەنبەلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، مالنىڭ كىشىلەر ئارىسىدا ناھەق يەپ كېتىلىشىنى توسۇش قاتارلىقلار بىلەن مالنى قوغداش ۋاجىب بولغان.

شۇنىڭغا بىنائەن، ئىنسانلارنىڭ ئۆزئارا مۇئامىلە قىلىشلىرى ئۈچۈن يولغا قويۇلغان ئېلىم – سېتىم، ئىجارە، يەر ئېچىش، يەر ئاستى بايلىقلىرى ۋە كانلىرىنى ئېچىش، ئاللاھ يەر ئاستىغا ۋە دېڭىزلارغا ئورۇنلاشتۇرغان ئېسىل تاشلارنى چىقىرىش قاتارلىق بارلىق ئىشلار مالنى قوغداش دائىرىسىگە كىرىدۇ.

شۈبھىسىزكى، بارلىق ساماۋى شەرىئەتلەر مۇشۇ بەش ئاساسنى قوغداش ئۈچۈن نازىل بولغان، تۈزمە قانۇنلارمۇ(6) شۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا. بۇ ھەقتە ئىمام غەززالىي ئېيتقانكى: «پايدا كەلتۈرۈش ۋە زەرەرنى توسۇش ھەقىقەتەن ئىنسانىيەتنىڭ مەقسەتلىرىدىندۇر. ئىنسانىيەتنىڭ ساق بولۇشى ئۇلارنىڭ مەقسەتلىرىنى ھاسىل قىلىشتىدۇر. لېكىن، بىز مەسلەھەدىن شەرىئەتنىڭ مەقسىتىنى قوغداشنى كۆزدە تۇتىمىز. شەرىئەتنىڭ ئىنسانىيەت ھەققىدىكى مەقسىتى بەشتۇر. ئۇ بولسىمۇ ئۇلارنىڭ دىنىنى، جانلىرىنى، ئەقىللىرىنى، نەسىللىرىنى، ماللىرىنى ساقلاشتۇر. مۇشۇ بەش ئۇسۇلنى ساقلاشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقانداق بىر ئىش مەسلەھەدۇر. بۇ بەش ئۇسۇلنى يوقىتىدىغان ھەرقانداق ئىش مەفسەدەدۇر، مەفسەدەنى يوقىتىش مەسلەھەدۇر»(7).

مەسلەھەلەرنىڭ دەرىجىلىرى

[63] بۇنىڭدىن شۇنى كۆرىمىزكى، قوغداش ۋاجىب بولغان مەسلەھە مۇشۇ بەش ئۇسۇلغا تەرتىپلەنگۈچىدۇر. ئۇنى قوغداش توغرىسىدا نۇرغۇن شەرئىي ئەھكاملار كەلگەن.

بىز بۇ يەردە مەسلەھەلەرنىڭ بىر دەرىجىدە ئەمەس، بەلكى ئۈچ دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرىمىز:

بىرىنچى دەرىجە: زۆرۈرىييات دەرىجىسى

زۆرۈرىييات («زۆرۈرىي»نىڭ كۆپلۈكى) دېگىنىمىز «ئۇ بولماي بۇ مەسلەھە تۈرلىرىنىڭ ھېچبىرى ئىشقا ئاشمايدىغان نەرسىلەر»دۇر. جانغا نىسبەتەن زۆرۈر بولغىنى: ھاياتلىقنى، ئەزالارنى ۋە ھاياتلىقنىڭ مەۋجۇدلۇقى ئۈچۈن بولمىسا بولمايدىغان ھەر نەرسىنى ساقلاشتۇر. مالغا نىسبەتەن زۆرۈر بولغىنى: مالنى قوغداشقا كېرەكلىك نەرسىلەردۇر. نەسىل ۋە دىنغا نىسبەتەنمۇ ئەنە شۇنداق. بۇ ھەقتە ئىمام غەززالىي ئېيتقانكى: «بۇ بەش مەسلەھەنى ساقلاش زۆرۈرىيياتنىڭ دەرىجىسىدە تۇرغۇچىدۇر. زۆرۈرىييات مەسلەھەلەردىكى ئەڭ كۈچلۈك دەرىجىدۇر. بۇنىڭ مىسالى: شەرىئەتنىڭ كىشىلەرنى ئازدۇرغۇچى كافىرنى ئۆلتۈرۈش ۋە ئۆزىنىڭ بىدئەتىگە چاقىرىدىغان بىدئەتچىنى جازالاشقا ھۆكۈم قىلىشى. چۈنكى، بۇلار خەلقنىڭ دىنىنى يوقىتىدۇ. يەنە شەرىئەتنىڭ قىساسنىڭ ۋاجىبلىقىغا ھۆكۈم قىلىشى. چۈنكى، ئۇ ئارقىلىق جانلار ساقلىنىپ قالىدۇ. يەنە شەرىئەتنىڭ ھاراق ئىچكۈچىگە ھەد ئۇرۇشنى ۋاجىب قىلىشى. چۈنكى، ئۇ ئارقىلىق تەكلىپنىڭ ئاساسى بولغان ئەقىل ساقلىنىپ قالىدۇ. يەنە زىنا ھەددىنى ۋاجىب قىلىشى. چۈنكى، ئۇ ئارقىلىق نەسەب ساقلىنىپ قالىدۇ. يەنە شەرىئەتنىڭ بۇلاڭچى ۋە ئوغرىنى جازالاشنى ۋاجىب قىلىشى. چۈنكى، ئۇ ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ تىرىكچىلىك ئاساسى ۋە ئېھتىياجى بولغان ماللار ساقلىنىپ قالىدۇ»(8).

ئۇشبۇ ئىمامنىڭ گېپىنىڭ خۇلاسىسى شۇكى، بەش ئۇسۇلدىن بىرنى دەخلىگە ئۇچرىتىدىغان ھەرقانداق نەرسىنى يوقىتىش زۆرۈرىيەت ھېسابلىنىدۇ. شەرىئەت زۆرۈرىيەتلەرنى ھىمايە قىلىشقا قاتتىق كۈچىگەن. ئىسلام «ئەگەر ھاياتلىقنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن چەكلەنگەن بىر ئىشنى قىلىش توغرا كېلىپ قالسا، بىركىمنىڭ جېنىغا چېقىلمىغان ئاساستا شۇ ئىشنى قىلىش ۋاجىب بولىدۇ» دەپ بېكىتكەن. شۇ جەھەتتىن، ئىسلام ئاچلىقتىن ياكى ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلۈپ كېتىش خەۋپى بار بولغان قىستالغۇچىغا ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننى ۋە توڭگۇز گۆشىنى يېيىشنى، ھاراق ئىچىشنى ۋاجىب قىلغان.

ئىككىنچى دەرىجە: ھاجىييات («ھاجىي»نىڭ كۆپلۈكى) دەرىجىسى

بۇ دەرىجە ھەققىدىكى شەرئىي ھۆكۈم بەش ئۇسۇلنىڭ بىرەرىنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن بولمايدۇ، بەلكى ئۇ ئارقىلىق مۇشەققەت ۋە ھەرەجنى يوقىتىش، ياكى بۇ بەش ئۇسۇل ئۈچۈن ئېھتىياتچان بولۇش مەقسەت قىلىنىدۇ. مەسىلەن، كىشىلەرنىڭ ھاراق ئىستېمال قىلىشى قولايلاشماسلىقى ئۈچۈن ھاراق سېتىشنى ھارام قىلىش، ئايال كىشىنىڭ ئەۋرىتىنى كۆرۈشنى ھارام قىلىش، بۇلانغان يەردە ناماز ئوقۇشنى ھارام قىلىش، باھالارنىڭ ئۆرلەپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن شەھەر ئېغىزلىرىدا مال سېتىۋېلىشنى ھارام قىلىش، مونوپولچىلىقنى ھارام قىلىش، ئۇندىن باشقا يەنە بىۋاسىتە ئەسلىي مەسلەھەنى ھىمايە قىلىش مەقسەت قىلىنماستىن، بەلكى زەرەرگە ئېلىپ بارىدىغان ۋاسىتىلەرنى ئېتىش مەقسەت قىلىنغان ئىشلارنى ھارام قىلىش قاتارلىقلار. زىيان سېلىشقا ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن بولغان نەرسىلەر ھارام قىلىنغاندەك، شۇنىڭدەك چەكلىسە تارچىلىققا ئېلىپ بارىدىغان نەرسىلەر مۇباھ قىلىنغان. مەسىلەن، مۇزارەئە(9)، مۇساقات(10)، سەلەم(11)، مۇرابەھە(12) ۋە تەۋلىيە(13) سودىلىرىدەك كىشىلەر ئېھتىياجلىق بولىدىغان كۆپلىگەن سودىلارنىڭ مۇباھ قىلىنغىنىغا ئوخشاش.

بىز بۇ يەردە شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرىمىزكى، شەخسىي ئەركىنلىكنى قوغداش ھاجىيياتلار قاتارىدىندۇر. چۈنكى، ھايات ئومۇمەن بۇ خىل ئەركىنلىك بولمايمۇ مەۋجۇد بولۇشى مۇمكىن، لېكىن شەخس قىيىنچىلىقتا بولىدۇ. يەنە قۇچاقلىشىشنى مەنئى قىلىش نەسىلنى قوغداشقا نىسبەتەن ھاجىييات قاتارىدىندۇر. ئەگەر قادىر بولسا قەرزدارلارنى قەرزلىرىنى تۆلەشكە زورلاش ۋە شۇ سەۋەبتىن جازالاش مالنى قوغداش جۈملىسىدىندۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتقانكى: «لَيُّ الْوَاجِدِ يُحِلُّ عِرْضَهُ وَعُقُوبَتَهُ / قول – ئىلكىدە بار تۇرۇپ قەرزىنى قايتۇرمىغان كىشىگە قاتتىق گەپ قىلىش ۋە ئۇنى سولاپ قويۇش دۇرۇس بولىدۇ»(14). كۆپى مەست قىلغان نەرسىنىڭ ئېزىنى ئىچىشنىمۇ ھارام قىلىش ئەقىلنى قوغداش جۈملىسىدىندۇر.

ئۈچىنچى دەرىجە: تەھسىنات («تەھسىن»نىڭ كۆپلۈكى) ۋە كامالىييات («كامالىي»نىڭ كۆپلۈكى) دەرىجىسى

ئۇ دېگىنىمىز ئەسلى مەسلەھەلەرنى ۋۇجۇدقا چىقارمايدىغان ھەمدە ئۇنىڭ ئۈچۈن ئېھتىياتچان بولۇشمۇ مەقسەت قىلىنمايدىغان، ئەمما ئىززەت – ھۆرمەتنى ساقلايدىغان ۋە ئاھانەتنى توسىدىغان ئىشلاردۇر. جانغا نىسبەتەن جاننى يالغان دەۋالاردىن، تىل – دەشناملاردىن ھىمايە قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئەسلىي ھاياتلىققا، ھاياتلىقنىڭ ھاجەتلىرىگە تەگمەيدىغان، لېكىن ھاياتلىقنى خۇنۈكلەشتۈرىدىغان ۋە ھاياتلىقنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىگە تېگىدىغان ئىشلاردىن ھىمايە قىلىش شۇ تەھسىنات جۈملىسىدىندۇر.

مالغا نىسبەتەن ئالدامچىلىق، خىيانەتچىلىك ۋە قويمىچىلىقلارنىڭ ھارام قىلىنىشى شۇ تەھسىنات جۈملىسىدىندۇر. بۇلار مالنىڭ ئۆزىگە دەخلى يەتكۈزمەيدۇ، لېكىن كامالىتىگە دەخلى يەتكۈزىدۇ. چۈنكى، ئۇ ئىشلار مال ئىگىسىنىڭ مالنى نېمە پايدا، نېمە زىيان توغرا بىلىپ تەسەررۇپ قىلىش ئىرادىسىگە دەخلى قىلىدۇ. دېمەك، ئۇنىڭدا مالنىڭ ئۆزىگە چېقىلىش يوق، لېكىن تەسەررۇپ قىلغۇچىنىڭ ئىرادىسىگە چېقىلىش بار، ھالبۇكى بۇ ئىشتا ئېھتىيات قىلغىلى بولىدۇ.

نەسىلنى ساقلاشقا نىسبەتەن، ئايال كىشىنىڭ كوچا – كويلارغا زىننەتلىرى بىلەن چىقىشنى ھارام قىلىش شۇ جۈملىدىندۇر. ئاللاھ تائالانىڭ ئۇشبۇ سۆزى شۇ قاتاردىندۇر: ﴿وَقُل لِّلۡمُؤۡمِنَٰتِ يَغۡضُضۡنَ مِنۡ أَبۡصَٰرِهِنَّ وَيَحۡفَظۡنَ فُرُوجَهُنَّ وَلَا يُبۡدِينَ زِينَتَهُنَّ إِلَّا مَا ظَهَرَ مِنۡهَاۖ وَلۡيَضۡرِبۡنَ بِخُمُرِهِنَّ عَلَىٰ جُيُوبِهِنَّۖ وَلَا يُبۡدِينَ زِينَتَهُنَّ إِلَّا لِبُعُولَتِهِنَّ أَوۡ ءَابَآئِهِنَّ أَوۡ ءَابَآءِ بُعُولَتِهِنَّ أَوۡ أَبۡنَآئِهِنَّ أَوۡ أَبۡنَآءِ بُعُولَتِهِنَّ أَوۡ إِخۡوَٰنِهِنَّ أَوۡ بَنِيٓ إِخۡوَٰنِهِنَّ أَوۡ بَنِيٓ أَخَوَٰتِهِنَّ أَوۡ نِسَآئِهِنَّ أَوۡ مَا مَلَكَتۡ أَيۡمَٰنُهُنَّ أَوِ ٱلتَّٰبِعِينَ غَيۡرِ أُوْلِي ٱلۡإِرۡبَةِ مِنَ ٱلرِّجَالِ أَوِ ٱلطِّفۡلِ ٱلَّذِينَ لَمۡ يَظۡهَرُواْ عَلَىٰ عَوۡرَٰتِ ٱلنِّسَآءِۖ وَلَا يَضۡرِبۡنَ بِأَرۡجُلِهِنَّ لِيُعۡلَمَ مَا يُخۡفِينَ مِن زِينَتِهِنَّۚ وَتُوبُوٓاْ إِلَى ٱللَّهِ جَمِيعًا أَيُّهَ ٱلۡمُؤۡمِنُونَ لَعَلَّكُمۡ تُفۡلِحُونَ / مۇئمىنەلەرگە ئېيتقىنكى، نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئەۋرەتلىرىنى ياپسۇن، تاشقى زىننەتلىرىدىن باشقا زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن، لېچەكلىرى بىلەن كۆكرەكلىرىنى ياپسۇن، (تاشقى زىننەتلىرىدىن باشقا) زىننەتلىرىنى ئەرلىرىدىن، ئاتىلىرىدىن، يا قېيىن ئاتىلىرىدىن، يا ئوغۇللىرىدىن، يا ئەرلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا ئۆز قېرىنداشلىرىدىن، يا قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا دىنداش ئاياللاردىن، يا قول ئاستىدىكى چۆرىلەردىن، يا خوتۇنلارغا ئېھتىياجى يوق خىزمەتچىلەر (يەنى قېرى، دەلدۈش بولغانلىقتىن جىنسىي شەھۋىتى يوقلار) دىن، يا ئاياللارنىڭ ئۇياتلىق جايلىرىنى ئۇقمايدىغان (يەنى بالاغەتكە يەتمىگەن) بالىلاردىن باشقا كىشىلەرگە كۆرسەتمىسۇن، زىننەتلىرىنى كىشىلەرگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئاياغلىرىنى يەرگە ئۇرمىسۇن، ئى مۇئمىنلەر! بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ھەممىڭلار ئاللاھقا تەۋبە قىلىڭلار﴾(24/«نۇر»: 31). شۈبھىسىزكى، بۇ ئايەتتە زىكىر قىلىنغان ئىشلار كامالەتنى ساقلاش جۈملىسىدىندۇر. ئۇنىڭدا شەرەپ، كامالەت ۋە ئىززەت – ھۆرمەتكە تەرغىب قىلىنغان، بۈگۈنكى ئاياللاردەك ساڭگىل – سۇڭگۇل ياسىنىش ۋە ئىزا – ئاھانەت مەنئى قىلىنغان.

دىننى قوغداشقا نىسبەتەن، ئەسلىي ئېتىقادقا دەخلى يەتكۈزەلمەيدىغان، لېكىن كۆپەيگەنسېرى دىنىي ھەقىقەتلەردە شەك پەيدا قىلىدىغان ئازغۇن دەۋەتلەرنى مەنئى قىلىش تەھسىنات جۈملىسىدىندۇر. يەنە دىنىي ھەقىقەتلەرنى ئىنچىكە سېلىشتۇرالمايدىغان ئادەمنى باشقا دىنلارنىڭ كىتابلىرىنى ئوقۇشتىن چەكلەشمۇ شۇ جۈملىدىندۇر. شۇنداقلا نىجاسەتتىن يىراق تۇرۇش، مەسجىدكە بارغاندا زىننەتلىنىشلەرمۇ شۇ جۈملىدىندۇر. بۇ ئىشلارنىڭ بەزىسى ۋاجىبلاردىن، يەنە بەزىسى نەپلىلەردىندۇر. كۆپ ھاللاردا تەھسىناتنىڭ ۋاجىب بولىدىغانلىقى مەلۇم.

ئەقىلنى ھىمايە قىلىشقا نىسبەتەن، زىممىيلارنى ھارام نەرسىلەرنى ئاشكارا ئىچىشتىن چەكلەش، شۇنداقلا گەرچە ئالغان خېرىدار ئۇلاردىن بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا ھارام نەرسىلەرنى سېتىشتىن چەكلەش تەھسىناتنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

مەسلەھەلەرنىڭ تەكلىفاتلاردا پەرقلىق بولۇشى

[64] شۇنىسى ئېنىقكى، مەسلەھەلەر ئۆز دەرىجىلىرىدە پەرقلىقتۇر. بەزىلىرى زۆرۈرىي بولۇپ، بۇ باشقىلىرىنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. بەزىلىرى ھاجىي (يەنى ھاجەت خاراكتېرلىك) بولۇپ، بۇ زۆرۈرىينىڭ كەينىدە تۇرىدۇ. بەزىلىرى تەھسىنىي (يەنى گۈزەللەشتۈرۈش ۋە كامالەت خاراكتېرلىك) بولۇپ، بۇ ئاخىرقىسىدۇر. ھاجىي تەھسىنىي بىلەن توقۇنۇشۇپ قالسا، ھاجىي مۇقەددەم قىلىنىدۇ.

بەزى ئالىملار مەسلەھەلەرنىڭ تەكلىفىي ئەھكامدىكى پەرقىنى ۋە شۇ پەرقكە ئەگىشىپ ئەھكامنىڭ تەلەپ سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇلار شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنكى، شەرىئەت تەلەپ قىلغان ياكى ئىختىيارلىق بەرگەن ھەرقانداق بىر ئىش پەقەتلا ئەمەلىي بىر مەسلەھە ئۈچۈن بولغان. ئۇنىڭدىكى مەسلەھە تەلەپكە بېقىپ پەرقلەنگەن ياكى تەلەپ مەسلەھەنىڭ پەرقلىق بولۇشىغا بېقىپ پەرقلىق بولغان. ئەمما، نەتىجە بىردۇر. شەرىئەت نېمىنى ھارام قىلغان بولسا، پەقەتلا مەفسەدەنى يوقىتىش ئۈچۈندۇر. ھارام نەرسىدىكى مەفسەدە نەھيىنىڭ پەرقلىنىشىگە بېقىپ پەرقلىنىدۇ. تېخىمۇ توغرىسى، نەھيى مەفسەدەنىڭ پەرقلىنىشىگە بېقىپ پەرقلىنىدۇ.

شۇڭا، ئىمام ئىززۇددىن ئىبنى ئابدۇسسالام مەسلەھەلەرنى ئۈچ تۈرگە بۆلگەن:

بىرىنچى تۈر: ئاللاھ بەندىلىرىنى نەزەردە تۇتۇپ ۋاجىب قىلغان مەسلەھە. ئۇنىڭ دەرىجىلىرى پەرقلىق بولۇپ، فازىل، ئەفزەل، مۇتەۋەسسىت دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. ئەفزەل مەسلەھە: ئەڭ قەبىھ مەفسەدەلەرنى توسۇپ، ئەڭ كۈچلۈك مەسلەھەلەرنى ئەكىلىدىغان، تېگىدىن شەرەپلىك بولغان مەسلەھەدۇر. بۇ تۈرگە كىرىدىغان ئىشلارنى قىلىش ۋاجىبتۇر.

ۋاجىبلاردا مەسلەھە پەرقلىنىدۇ، نېمىدە مەسلەھە كۆپرەك ۋە كۈچلۈكرەك بولسا، ئۇ نەرسە شۇنىڭغا كۆرە ۋاجىب بولىدۇ ۋە باشقىلىرىدىن مۇقەددەمرەك بولىدۇ. مەسىلەن كۆرىمىزكى، شەرىئەت روزىنىڭ كەففارىتىدە قۇل ئازاد قىلىشنى باشقىلىرىغا مۇقەددەم قىلغان. چۈنكى، بۇنىڭدا مەنپەئەت كۈچلۈكرەكتۇر. ئارقىمۇئارقا ئىككى ئاي روزا تۇتۇشنى ئۇنىڭدىن كېيىن قىلغان. چۈنكى، بۇنىڭ كىشىلەرنى روزىنى بۇزۇشتىن توسۇش ئۈنۈمى يۇقىرىدۇر. شۇڭا، ئۇمۇ مەنپەئەتلىكرەكتۇر. ئاندىن كېيىن روزا تۇتۇشقا قادىر بولالمايدىغانلارنىڭ 60 مىسكىننى تويدۇرۇشىنى بەلگىلىگەن. 60 مىسكىننى تويدۇرۇش رامازان كۈنىنىڭ روزىسىنى تۇتمىغانلىقنىڭ تەۋبىسى بولغان. بۇنىڭدا روزا ئەسل دەپ ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ (كەففارەتلەر فەرئىدۇر). ئىمام ئىززۇددىن ئىبنى ئابدۇسسالام ئىككى ۋاجىب ئوتتۇرىسىدىكى مەسلەھە پەرقلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، بىرىنى يەنە بىرىنىڭ ئالدىغا ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا مىساللارنى زىكىر قىلغان ۋە ئېيتقانكى: «غەرق بولغۇچىنى قۇتقۇزۇش نامازنى ۋاقتىدا ئادا قىلىشنىڭ ئالدىغا قويۇلىدۇ. چۈنكى، بىگۇناھ بىر كىشىنى غەرق بولۇشتىن قۇتقۇزۇش ئاللاھنىڭ نەزەرىدە (نامازنى ۋاقتىدا ئادا قىلغاندىن) ئەۋزەلدۇر. ھالبۇكى ئىككىلى مەسلەھەنى جەملەش مۇمكىن، ئاۋۋال غەرق بولغۇچىنى قۇتقۇزىدۇ، ئاندىن نامازنىڭ قازاسىنى قىلىدۇ. مەلۇمكى، ئۇ كىشى قولدىن بېرىپ قويغان نامازنى ۋاقتىدا ئادا قىلىش بىر مۇسۇلمان جاننى ھالاكەتتىن قۇتقۇزۇشقا تەڭ كەلمەيدۇ. شۇنىڭدەك، ئۇ رامازاندا بىر غەرق بولغۇچىنى كۆرسە، روزىنى بۇزماي ئۇنى قۇتقۇزۇۋالغىلى بولمىسا، روزىنى بۇزىدۇ، ئادەمنى قۇتقۇزىدۇ. بۇ ھەم مەسلەھەلەرنى جەملەش بابىدىندۇر. چۈنكى، جاندا ئاللاھنىڭمۇ ھەققى بار ۋە جان ئىگىسىنىڭمۇ ھەققى بار. شۇڭا، جاننى قۇتقۇزۇش روزىنى ئادا قىلىشنىڭ ئالدىغا قويۇلدى. چۈنكى، روزىنىڭ ئاداسىنى قىلالمىغان بىلەن، قازاسىنى قىلىۋالغىلى بولىدۇ»(15).

ئىككىنچى تۈر: ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا بەندىلىرىگە ئۇلارنى ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن مەندۇب (يەنى مۇستەھەب) قىلغان ئىشلار. مەندۇب مەسلەھەلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىسىمۇ ۋاجىب مەسلەھەلىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن دەرىجىسىنىڭ ئاستىدا تۇرىدۇ. مەندۇب مەسلەھەلىرىنىڭ دەرىجىلىرى پەرقلىق بولۇپ، ئەڭ تۆۋىنى مۇباھنىڭ مەسلەھەلىرىگە يېقىن كېلىدىغان كىچىك بىر مەسلەھەگە بېرىپ توختايدۇ.

ئۈچىنچى تۈر: مۇباھلارنىڭ مەسلەھەلىرى. مۇباھ ھەقىقەتەن بىر مەسلەھەدىن ياكى بىر مەفسەدەدىن خالىي بولمايدۇ. بۇ ھەقتە ئىمام ئىززۇددىن ئىبنى ئابدۇسسالام ئېيتىدۇ: «مۇباھنىڭ مەسلەھەلىرى نەق بولۇپ، بەزىسى بەزىسىدىن پايدىلىقراق ۋە چوڭراقتۇر. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەجىر بولمايدۇ. مەسىلەن، كىمكى بىر پۇچۇق خورمىنى يېسە، نەق مەسلەھە بىلەن ئۆزىگە ياخشىلىق قىلغان بولىدۇ (ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەجىر بولمايدۇ)».

شۈبھىسىزكى، مۇباھتا بىر مەسلەھە بار، لېكىن ئۇ شەخسنىڭ ئۆزىگە ئائىت جۇزئىي مەسلەھەدۇر. يېيىش، ئىچىش، مېڭىش ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئېنىق مەسلەھە بار ئىشلاردەك. مۇباھنىڭ مەسلەھەلىرىنى مۆلچەرلەش شەخسكە قالدۇرۇلغاندەك، مۇباھ مەسلەھەلىرىنىڭ تۈرلىرى جەھەتتىكى ئىختىيارلىق، شۇنداقلا قىلىش – قىلماسلىق جەھەتتىكى ئىختىيارلىقمۇ شەخسكە قالدۇرۇلغان. شۇڭلاشقا، ئاللاھ تائالا مۇباھنىڭ مەسلەھەلىرى ئۈچۈن ساۋابمۇ، ئازابمۇ يازمايدۇ.

ئەمما، ۋاجىب ياكى مەندۇبتىكى مەسلەھەگە كەلسەك، ئۇ شەخسىي (شەخسكە ئائىت) بولمىغان مەسلەھەلەردۇر. چۈنكى، بۇ خىل مەسلەھە شەخسكىمۇ، ئومۇمغىمۇ يېتىدۇ. مەسىلەن، بىر ئادەم ۋاجىب بولغان ياكى بولمىغان بىر سەدىقەنى قىلسا، ئۇنىڭ سەدىقەسى كىشىلەر ئۈچۈن خەيردۇر. بىركىم يولدىن ئەزىيەتنى ئېلىۋەتسە، ئۇنىڭ ئەمەلىدە كىشىلەرگە مەسلەھە باردۇر. ئاخىرەتتىكى ساۋابمۇ شۇ مەسلەھەنىڭ مىقدارىغا بېقىپ بولىدۇ. ۋاجىبنى تەرك ئەتسە، تەرك ئەتكەنلىكى ئۈچۈن ئازابقا ئۇچرايدۇ. بىركىم پەرز زاكاتنى تەرك ئەتسە، ئىش ئىگىسى(16) ئۇنى زاكاتنى بېرىشكە مەجبۇرلايدۇ ھەمدە ئۇ قىيامەت كۈنى ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ ئازابىدىن ساق قالمايدۇ.

[65] بۇ ئارقىلىق تەلەبىي ياكى ئىختىيارىي تەكلىفاتلاردىكى مەسلەھەلەرنىڭ دەرىجىلىرى ئېنىقلىشىدۇ. نەھيى قىلىنغان ئىشلاردىمۇ مەسلەھە بار. چۈنكى، مەفسەدەنى دەﻓﺌ قىلىش مەسلەھەنىڭ جۈملىسىدىن سانىلىدۇ. بەلكى مەفسەدەنى دەﻓﺌ قىلىش مەسلەھەنى ھاسىل قىلىشنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. شۇ ۋەجدىن، فۇقەھائ‍ «دَرْءُ الْمَفَاسِدِ مُقَدَّمٌ عَلَى جَلْبِ الْمَصَالِحِ / مەفسەدەنى دەﻓﺌ قىلىش مەسلەھەنى ھاسىل قىلىشنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ» دېگەننى ئۆزلىرىنىڭ قائىدىسى قىلغان.

مەفسەدەنىڭ كۈچىگە ۋە تارقىلىشىغا بېقىپ نەھيىمۇ پەرقلىق بولىدۇ. ھارامدىكى مەفسەدە مەكرۇھتىكى مەفسەدەدىن ئېغىرراقتۇر. شۇڭا، ھەربىرىدىكى نەھيى مەفسەدەگە بېقىپ زور دەرىجىدە پەرقلىنىدۇ. مەسىلەن، قۇچاقلاش ۋە سۆيۈشنىڭ ھاراملىقى زىنادىكى ھاراملىققا تەڭ ئەمەس، گەرچە ئىككىلىسى ھارام بولسىمۇ. ھاراق سېتىشنىڭ ھاراملىقى ھاراق ئىچىشتىكى ھاراملىققا ئوخشاش ئەمەس. بۇلاڭچىلىقنىڭ ھاراملىقى ئوغرىلىقنىڭ ھاراملىقى بىلەن بىر دەرىجىدە ئەمەس. بىر ئەزانى كېسىۋېتىشنىڭ ھاراملىقى بىر جاننى ئۆلتۈرۈشنىڭ ھاراملىقى بىلەن بىر دەرىجىدە ئەمەس. نىكاھلانغان ئايال بىلەن زىنا قىلىشنىڭ ھاراملىقى نىكاھلانمىغان ئايال بىلەن زىنا قىلىشنىڭ ھاراملىقى بىلەن بىر دەرىجىدە ئەمەس. ئەنە شۇلارنىڭ ھەممىسى شۈبھىسىز قەتئىي دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلانغان. ئۇ ھەقتە ئىززۇددىن ئىبنى ئابدۇسسالام: «مەفسەدەلەر ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ: بىرى، ئاللاھ تائالا يېقىنلىشىشنى ھارام قىلغان تۈر. يەنە بىرى، ئاللاھ قىلىشنى يامان كۆرگەن تۈر» دەيدۇ. ئاندىن ئۇ (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!) بۇ ئىككى تۈرنىڭ ھەربىرىنىڭ دەرىجىلىرىنى بايان قىلىپ ئېيتىدۇ: «ئاللاھ يېقىنلىشىشنى ھارام قىلغان مەفسەدەلەر ئىككى دەرىجىدۇر. بىرىنچىسى كەبائىر دەرىجىسى. كەبائىر بولسا كەبىر (چوڭ)، ئەكبەر (ئەڭ چوڭ) ۋە مۇتەۋەسسىت (ئوتتۇرا) دەپ بۆلۈنىدۇ. ئەكبەرى: مەفسەدەسى ئەڭ زور بولغىنىدۇر. مەفسەدەسى سەل تۆۋەنرەك بولغىنى تۆۋەنرەك چوڭ گۇناھ بولىدۇ. چوڭ گۇناھلارنىڭ مەفسەدەلىرى تۆۋەنلەپ – تۆۋەنلەپ شۇنداق بىر مەفسەدەدە توختايدۇكى، شۇ مەفسەدە سەل كېمەيسە، سەغائىر (كىچىك گۇناھلار) نىڭ مەفسەدە دەرىجىلىرىنىڭ ئەڭ چوڭى بىلەن تەڭلىشىدۇ. كىچىك گۇناھلار مەفسەدەلەرنىڭ ئىككىنچى دەرىجىسىدۇر. ئاندىن كىچىك گۇناھلارنىڭ مەفسەدەلىرى تۆۋەنلەپ – تۆۋەنلەپ، شۇنداق بىر مەفسەدەدە توختايدۇكى، شۇ مەفسەدە سەل كېمەيسە، مەكرۇھلارنىڭ مەفسەدەلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىسىگە يېتىدۇ. بۇ مەكرۇھلارنىڭ مەفسەدەلىرى تۆۋەنلەپ – تۆۋەنلەپ، شۇنداق بىر چەككە بېرىپ توختايدۇكى، شۇ چەك يوقالسىلا، مۇباھقا ئايلىنىپ كېتىدۇ»(17).

بۇ ۋە ئالدىنقى بايانلاردىن كۆردۇقكى، ئۇشبۇ ئۇلۇغ ئىمام ئورۇنلاش تەلەپ قىلىنغان ئىشلار (يەنى ۋاجىب ۋە مەندۇبلار) بىلەن مەسلەھەلەر ئارىسىنى باغلاپ، ئىشتىكى مەسلەھەنىڭ كۈچىگە بېقىپ تەلەپ كۈچىنىڭ يۇقىرى – تۆۋەن بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. شۇنداقلا شەرىئەتتە ھارام قىلىنغان ئىشلار بىلەن مەفسەدەلەر ئارىسىنى شەككە ئورۇن قالمىغۇدەك شەكىلدە ناھايىتى ئىنچىكە پۇختا باغلاپ، ھاراملىق دەرىجىسىنىڭ مەفسەدەنىڭ كۈچىگە بېقىپ بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. مەفسەدەلەرنىڭ ھاراملىقتا يۇقىرى – تۆۋەن دەپ دەرىجىلىنىدىغانلىقىنى، مەفسەدەسى ئەڭ زور بولغان ئىشنىڭ ئەڭ چوڭ گۇناھ بولىدىغانلىقى، مەفسەدەسى تۆۋەن بولۇشقا بېقىپ گۇناھ دەرىجىسىنىڭ تۆۋەن بولىدىغانلىقى، ھەتتا قىلسىمۇ، تەرك ئەتسىمۇ ھېچبىر مەفسەدە بولمايدىغان ھالەتتىكى مۇباھ دەرىجىسىگە بېرىپ يېتىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

شۇنى بايقىۋېلىشقا بولىدۇكى، يۇقىرىدا دېيىلگەندەك، مۇباھ شەخسكە ۋە ئۇنىڭ ئىختىيارىغا چېتىلىدىغان نەرسە بولۇپ، مۇئەييەن بىرەر ئىشتا مەسلەھە ئەمەلىيلەشمەيمۇ قالىدۇ. شۇڭا، ئۆزى ئىزدىگەن مەسلەھەنى تېپىش شەخسكە قالدۇرۇلىدۇ. لېكىن، مۇباھلار ئىچىدە پۈتۈنلەي مۇباھ ئەمەس، قىسمەن مۇباھ بولىدىغان ئىشلارمۇ بار. مەسىلەن، بىر ئادەمنىڭ گۆشنى ياكى ناننى قانچىلىك مىقداردا يېيىشى مۇباھتۇر، لېكىن ئۇنىڭ تائام مۇباھ تۇرۇپ تائامدىن ئۆزىنى چەكلىشى مۇباھ ئەمەس. مۇباھلارنى ئومۇمەن تەرك ئېتىش ئۈممەتنىڭ زەئىفلىشىشىگە ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن. گاھىدا بىر ئىش قىسمەن مۇباھ بولۇپ، پۈتۈنلەي مۇباھ بولمايدۇ، بەلكى چەكلەنگەن بولىدۇ. مەسىلەن، گاھىدا پاكىز ئويۇن – تاماشا مۇباھتۇر، لېكىن شەخسنىڭ ھەممە ۋاقتىنى ئويۇن – تاماشاغا بېرىۋېتىشى دۇرۇس بولمايدۇ. بىر جامائەتنىڭ پۈتۈن ھاياتىنى ئويۇن – تاماشا بىلەن ئۆتكۈزۈشى — گەرچە ئۇ ئەسلىدە قىسمەن مۇباھ بولسىمۇ — دۇرۇس بولمايدۇ، بەلكى بۇ پۈتۈنلەي ھارامدۇر.

ھەرەجنى كۆتۈرۈۋېتىش

[66] تەكلىفىي ئەھكاملارنىڭ ئارىسىدا كۈچلۈك باغلىنىش بولغانلىقتىن، تەكلىفىي ئەھكاملارنىڭ (ئورتاق) مەقسىتى مەسلەھەلەردۇر. ئۇنداق بولغان ئىكەن، بارلىق شەرئىي ئەھكاملاردا شەخسنىڭ مەسلەھەسىنىڭ ئېتىبارغا ئېلىنىدىغانلىقى مەلۇم. بۇ مەسلەھە تەرك ئېتىلمەيدۇ، ئەمما ئۇ چوڭراق بىر مەسلەھە بىلەن توقۇنۇشۇپ قالسا ياكى باشقىلارنىڭ مېلىنى يەۋېلىشقا ئوخشاش باشقىلارغا چېقىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ قالسا، بۇ چاغدا مەزكۇر شەخسىي مەسلەھە تەرك ئېتىلىدۇ، ئۇنى شەرىئەت تونۇمايدۇ، بەلكى ئۇ نەھيى قىلىنغان مەفسەدەلەرنىڭ جۈملىسىدىندۇر. چۈنكى، باشقىلارنىڭ زىيىنى ئۇنىڭ مەنپەئەتىدىن ئېغىرراقتۇر.

شەخسىي مەسلەھەنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق ئېتىبارى بار بولغان ئىكەن، ھەرەجنى كۆتۈرۈۋېتىش مەسلەھەنىڭ جۈملىسىدىندۇر. شەخسىي مەسلەھە بەزى نەھيى قىلىنغان ئىشلار بىلەن توقۇنۇشۇپ قالسا، ھەرەجنى كۆتۈرۈۋېتىش پرىنسىپى ئوتتۇرىغا چۈشىدۇ. بۇ ھالەتتە، شۇ نەھيى قىلىنغان ئىشنى تەرك ئېتىش سەۋەبلىك شەخسكە كېلىدىغان زىيان بىلەن ئۇنى قىلىش سەۋەبلىك كېلىدىغان زىيان ئىككىسى سېلىشتۇرۇلىدۇ. ئىككى زىياننىڭ قايسىسى چوڭراق بولسا، شۇ چوڭراقى تەرك ئېتىلىدۇ. مانا بۇ ھەرەجنى كۆتۈرۈۋېتىش ۋە تارچىلىقنى يوقىتىش بولىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىسلام «زۆرۈرىيەت تۇغۇلغاندا، يەنى شەخس ئۆزىنىڭ بىرەر زۆرۈر مەسلەھەسىگە تەھدىت سالىدىغان بىر ھالەتكە دۇچ كەلسە ھەم بۇ ھالەت باشقىلارنىڭ ھەققىگە دەخلى يەتكۈزمەيدىغان بىر چەكلەنگەن نەرسىنى ئىستېمال قىلماستىن يوقالمىسا، ئۇنىڭ شۇ چەكلەنگەن نەرسىنى ئىستېمال قىلىشى ئۇنىڭغا ۋاجىب بولىدۇ» دەپ بېكىتكەن. شۇڭا، ئالىملار «زۆرۈرىيەتلەر چەكلەنگەن ئىشلارنى مۇباھقا ئايلاندۇرىدۇ، يەنە بەزى ۋاقىتلاردا زۆرۈرىيەتلەر چەكلەنگەن ئىشنى قىلىشنى ۋاجىبقا ئايلاندۇرىدۇ» دېگەن قائىدىنى ئوتتۇرىغا قويغان. دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئەگەر شۇ چەكلەنگەن ئىشتا بىرەركىمنىڭ ھەققىگە تاجاۋۇز قىلىش بولمىسا ياكى ئۇ ئىش ئىسلام (سەۋرگە ئۈندەپ) سەۋرنىڭ ساۋابىنى بېكىتكەن بىر ئىش بولمىسا، ئاندىن ئۇنى قىلىش ۋاجىب بولىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئېيتقانكى: ﴿حُرِّمَتۡ عَلَيۡكُمُ ٱلۡمَيۡتَةُ وَٱلدَّمُ وَلَحۡمُ ٱلۡخِنزِيرِ وَمَآ أُهِلَّ لِغَيۡرِ ٱللَّهِ بِهِۦ / سىلەرگە ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋان، قان، چوشقا گۆشى، ئاللاھتىن غەيرىنىڭ (يەنى بۇتلارنىڭ) نامى تىلغا ئېلىنىپ بوغۇزلانغان ھايۋان … ھارام قىلىندى﴾(5/«مائىدە»: 3). دېمەك، ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋان، چوشقا، قانلار ئۇنىڭدا زەرەر بولغانلىقى ئۈچۈن ھارام قىلىندى. لېكىن، ئۆلۈم زەرەرى ئۇلارنى يېيىش زەرەرىدىن ئېغىرراقتۇر. شۇڭا، كىچىك زىيان ئارقىلىق چوڭ زىيان دەﻓﺌ قىلىش ئۈچۈن يېيىش ۋاجىب بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ نەرسىلەرنى ئاچ ھالەتتە يېگەندە، ئۇنى يېيىشنىڭ زىيىنى يەڭگىل بولىدۇ، ھەتتا تېزلا يوقايدۇ. چۈنكى، ئاچلىق ھەزىم سىستېمىسىنى كۈچلۈك قىلىۋېتىدۇ. شۇڭا، ئىسلام (ئاشۇنداق ھالەتتە) پەقەت ئاچلىقنى باسقۇدەك مىقداردا يېيىشنى مۇباھ قىلغان. چۈنكى، ئېشىپ كەتسە زىيان قىلىدۇ.

گاھىدا زۆرۈرىيەت چەكلەنگەن ئىشنى ۋاجىب قىلالمايدۇ. مەسىلەن، كۇفۇر كەلىمەسىنى سۆزلەشتىكى زۆرۈرىيەتكە ئوخشاش. ئالىملارنىڭ قارىشىچە، بىر ئادەم كۇفۇر كەلىمەسىنى دېيىشكە مەجبۇرلانسا، ئەگەر دېمىسە ئۆلتۈرۈلىدىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ كۇفۇر كەلىمەسىنى دېيىشى ۋاجىب ئەمەس، لېكىن ئۇنىڭ (قەلبىدە ئىماننى ساقلاپ) تىلىدا كۇفۇر كەلىمەسىنى دېيىشى ئۇنىڭغا ۋاجىب قىلىنماستىن رۇخسەت قىلىنىدۇ، بەلكى دېمىسە ساۋاب بار. چۈنكى، ئۇنى دېمەسلىك ئىسلام كەلىمەسىنى ئۈستۈن قىلغانلىقتۇر. ھەقنى سۆزلەشتىمۇ ئەھۋال شۇنداقتۇر. بىركىم ھەقنى سۆزلىمەي سۈكۈت قىلىشقا مەجبۇرلانسا، سۆزلىمەسلىككە رۇخسەت قىلىنىدۇ، لېكىن ھەقنى سۆزلىسە ساۋاب بېرىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «سَيِّدُ الشُّهَدَاءِ حَمْزَةُ بْنُ عَبْدِ الْمُطَّلِبِ، وَرَجُلٌ قَامَ إِلَى إِمَامٍ جَائِرٍ فَأَمَرَهُ وَنَهَاهُ فَقَتَلَهُ / شەھىدلەرنىڭ سەردارى ھەمزە ئىبنى ئابدۇلمۇتتەلىبتۇر، يەنە بىرى زالىم بىر ئىمام (رەھبەر) نىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنى ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسقان، نەتىجىدە زالىم ئىمام ئۆلتۈرۈۋەتكەن بىر كىشىدۇر» دېگەن(18).

ھەرەج ۋە تارچىلىق پەقەت زۆرۈرىييات ھالىتىدىلا بولمايدۇ، بەلكى ھاجىييات ھالىتىدىمۇ بولىدۇ. كىمكى تارچىلىق ھالىتىدە بولسا، پەقەت زۆرۈرىيەت تۈپەيلى ئەمەس، ھاجەت تۈپەيلىمۇ ئۇنىڭغا بەزى چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلىش ياكى شۇنىڭغا يۈزلىنىش مۇباھ بولىدۇ. مەسىلەن، ئايال كىشىنىڭ ئەۋرىتىنى كۆرۈش چەكلەنگەن ھارام ئىش، لېكىن ھاجەت تۈپەيلى مۇباھ بولىدۇ. مەسىلەن، داۋالىتىش مەسىلىسى. دوختۇرنىڭ ئايال كىشىنىڭ كېسىلىنى تېپىش ئۈچۈن، تەكشۈرگەندە (ئەۋرەتكە قاراش كېرەك بولغاندا) ئايال كىشىنىڭ ئەۋرىتىنى كۆرۈشى مۇباھ بولىدۇ.

ئالىملار چەكلەنگەن نەرسىلەرنى ئۇنى ئىستېمال قىلىشقا رۇخسەت قىلىشقا نىسبەتەن ئىككى قىسىمغا بۆلگەن. بىرىنچى قىسىم: تېگىدىن ھارام بولغان نەرسىلەر. مەسىلەن، ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋان، چوشقا ۋە قانغا ئوخشاش. بۇلارنى يېيىش زۆرۈرىيەتسىز مۇباھ بولمايدۇ. چۈنكى، بۇلار تېگىدىن ھارامدۇر. باشقىلارنىڭ مېلىنى يېيىشمۇ تېگىدىن ھارام بولۇپ، زۆرۈرىيەتسىز مۇباھ بولمايدۇ. مەسىلەن، ئىككى ئادەم بىر جاڭگالدا بولۇپ قاپتۇ، ئىككىسىنىڭ بىرىدە ئۇنىڭغا يېتەرلىك ئوزۇق – تۈلۈك بار ئىكەن، يەنە بىرىدە ئوزۇق – تۈلۈك يوق ئىكەن. ئاچ قالغان بۇ بىرىنىڭ كۈچ ئىشلىتىپ بولسىمۇ ھەمراھىنىڭ ئوزۇق – تۈلۈكىدىن ئېلىشى مۇباھتۇر. ئەگەر ئىككىسى بۇ سەۋەبلىك ئۇرۇشۇپ قېلىپ، ئاچ قالغىنى ئوزۇق – تۈلۈكى بارىنى ئۆلتۈرۈۋەتسە، ئۆلتۈرۈلگۈچى ئۈچۈن دىيەت كەلمەيدۇ ھەم ئۆلتۈرگۈچىگىمۇ گۇناھ بولمايدۇ. ئىمام ئىبنى ھەزم ئەندەلۇسىينىڭ پەتۋاسىچە، ئەگەر ئۇ كۈچ ئىشلىتىپ، ھەمراھىنىڭ ئوزۇق – تۈلۈكىدىن ئازراق نەرسە ئېلىشقا قادىر بولۇپ قالسا، ئۇنىڭ ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننى ياكى چوشقىنى يېيىشى مۇباھ بولمايدۇ.

ئىككىنچى قىسىم: تېگىدىن ھارام بولمىغان، بەلكى باشقا بىر سەۋەب تۈپەيلى ھارام بولغان نەرسىلەر. بۇلار ھاجەت تۈپەيلى مۇباھ بولىدۇ. ئۇنىڭ مۇباھ بولۇشى ئۈچۈن بىر زۆرۈرىي ھالەتنىڭ بولۇشى شەرت قىلىنمايدۇ.

ئىنسان پەقەت كۈچى يەتكەنگە تەكلىپ قىلىنىدۇ

[67] ئىسلام ئىنسانلارنىڭ دىندىكى مەسلەھەسى ئۈچۈن، ئۇلارنى پەقەت كۈچى يېتىدىغان ئىشلارغا تەكلىپ قىلغان. شۇ جەھەتتىن، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ﴿لَا يُكَلِّفُ ٱللَّهُ نَفۡسًا إِلَّا وُسۡعَهَاۚ / ئاللاھ ھېچكىمنى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ﴾(2/«بەقەرە»: 286) دېگەن. دېمەك، ئىنسان پەقەت كۈچى يېتىدىغان ۋە داۋاملىق ئادا قىلىش مۇمكىن بولىدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلىنىدۇ. شەرئىي تەكلىپلەرنى ئومۇمەن ئادا قىلىش مۇمكىن بولىدۇ ۋە ئۇنىڭدا مۇشەققەتلەر بار بولسىمۇ، داۋاملىق قىلىش مۇمكىن بولىدۇ. چۈنكى، شەرئىي تەكلىپلەردە روياپقا چىقىدىغان مەسلەھە ئۇ تەكلىپلەرنى داۋاملىق قىلغاندىلا ئاندىن روياپقا چىقىدۇ. شۇڭا، ئۇ تەكلىپلەردىكى مۇشەققەت ئادەتتە كۆتۈرگىلى بولىدىغان مۇشەققەتلەردىن بولغان. ئاللاھ يولىدىكى جىھادقا ئوخشاش ئادەتتىكى مۇشەققەتلەردىن يۇقىرى تەكلىپلەرمۇ بار، لېكىن ئۇ خىل تەكلىپلەر ھەممە ئادەمنىڭ ئۈستىگە يۈكلەنمەيدۇ ھەم داۋاملىق تەلەپ قىلىنىدىغان ئىشلاردىنمۇ ئەمەس، شۇنداقلا ئۇنىڭدىكى تەكلىپمۇ پەرقلىق دەرىجىلەرگە بۆلۈنىدۇ.

دائىمىي تەكلىپلەرگە كەلسەك، ئۇنىڭ پەزىلىتى ئۇنى داۋاملىق قىلىشتىدۇر. شۇڭا، ئاللاھ تائالا بەندىنىڭ تەكلىپلەرنى داۋاملىق ئورۇنلىيالىشى ئۈچۈن، گاھىدا بەزى چەكلىمىلەرنى مۇباھ قىلىش ئارقىلىق ھەرەجنى كۆتۈرۈۋەتكەن. ئاللاھ تائالا: ﴿وَمَا جَعَلَ عَلَيۡكُمۡ فِي ٱلدِّينِ مِنۡ حَرَجٖۚ / سىلەرگە دىندا ھېچقانداق مۈشكۈللۈكنى قىلمىدى﴾(22/«ھەج»: 78) دېگەن. يەنە ئېيتقانكى: ﴿يُرِيدُ ٱللَّهُ بِكُمُ ٱلۡيُسۡرَ وَلَا يُرِيدُ بِكُمُ ٱلۡعُسۡرَ / ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خاھلايدۇ، تەسلىكنى خاھلىمايدۇ﴾(2/«بەقەرە»: 185).

مۇشەققىتى ئادەتتىكىچە ھەم كۆتۈرگىلى بولىدىغان تەكلىپلەرنى ئىزچىللاشتۇرۇش شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىدىن بىرى بولغان. چۈنكى، بۇ ئىزچىللاشتۇرۇشتا تائەتنى داۋاملاشتۇرۇش بار. ھالبۇكى، ئاللاھ ئۈچۈن قىلىنغان تائەت روھىي چېنىقىشتۇركى، قەلبنى تەربىيەلەيدۇ ۋە ئۇنى ئىزچىل كۈچلۈك قىلىدۇ – دە، قەلبكە ھاۋايى – ھەۋەسنىڭ كۈشكۈرتۈشلىرى چېقىلالمايدۇ. ئاسان ئىشنى داۋاملىق قىلىش چوڭ ئىشقا قادىر قىلىدۇ. مەسىلەن، بىركىم ھەر كۈنى ياكى ھەر ئايدا، ياكى ھەر يىلدا ئازراق مالنى سەدىقە قىلىشقا ئادەتلەنگەن بولسا، گېزى كەلگەندە، كۆپرەكنىمۇ سەدىقە قىلىشقا قەدەم تاشلىيالايدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن، كۆپلىگەن دىنىي نەسلەر ئاسان ۋە قولاي بولغاننى ئىزدەشكە، ئېغىر ۋە مۇشەققەتلىك بولغاندىن يىراق تۇرۇشقا چاقىرىپ كەلگەن. مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى سۈپەتلەپ ئېيتقانكى: «مَا خُيِّرَ بَيْنَ أَمْرَيْنِ إِلَّا اخْتَارَ أَيْسَرَهُمَا مَا لَمْ يَكُنْ إِثْمًا / ئۇ زاتقا ئىككى ئىشنىڭ بىرىنى تاللاش ئىختىيارلىقى بېرىلسە، گۇناھ ئىش بولمىسىلا، ئاسانراقىنى تاللايتتى»(19). شۇڭا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «أحَبُّ الأعْمالِ إِلَى الله أدْوَمُها وإنْ قَلَّ / ئەمەللەرنىڭ ئاللاھقا ئەڭ سۆيۈملۈكى، گەرچە ئاز بولسىمۇ، داۋاملاشقىنىدۇر» دېگەن(20). يەنە ئېيتقانكى: «إِنَّ اللهَ يُحِبُّ الدِّيْمَةَ مِنَ الْأَعْمَالِ / ئاللاھ ھەقىقەتەن ئەمەللەردىن داۋاملىق بولغىنىنى ياخشى كۆرىدۇ»(21).

[68] بەزى ساھابەلەر ئىبادەتنى چەكتىن ئاشۇرۇپ، ئۆزلىرىگە ئەڭ ئېغىر ئىبادەتلەرنى يۈكلىۋالغان. بەزىلىرى داۋاملىق كۈندۈزى روزا تۇتۇپ، كېچىسى قىيامدا تۇرغان. بەزىلىرى خوتۇنلارنى تەرك ئەتكەن. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارغا ئېيتقانكى: «أَمَا وَاللَّهِ إِنِّي لَأَخْشَاكُمْ لِلَّهِ وَأَتْقَاكُمْ لَهُ لَكِنِّي أَصُومُ وَأُفْطِرُ وَأُصَلِّي وَأَرْقُدُ وَأَتَزَوَّجُ النِّسَاءَ فَمَنْ رَغِبَ عَنْ سُنَّتِي فَلَيْسَ مِنِّيْ / بىلىپ قويۇڭلاركى، ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەن، ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئاللاھتىن ئەڭ قورققۇچى ۋە ئاللاھقا ئەڭ تەقۋادار كىشى مەندۇرمەن. لېكىن، مەن گاھى روزا تۇتىمەن، گاھى تۇتمايمەن، (كېچىدە) نامازمۇ ئوقۇيمەن ھەم ئۇخلايمەن، ئاياللارغىمۇ ئۆيلىنىمەن. كىمكى مېنىڭ سۈننىتىمدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئۇ مەندىن ئەمەس»(22). پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەقىقەتەن سەلمان فارسىينىڭ ئۆزىنىڭ دىنىي قېرىندىشى ئەبۇددەردائغا ئۇ ئىبادەتتە چەكتىن ئېشىپ كەتكەن چاغدا دېگەن ئۇشبۇ سۆزىنى تەستىقلىغان: «يَا أَبَا الدَّرْدَاءِ! إِنَّ لِجَسَدِكَ عَلَيْكَ حَقّا، وَلأَهْلِكَ عَلَيْكَ حَقّا، وَلِرَبِّكَ عَلَيْكَ حَقًا، فَأعْطِ كُلَّ ذِى حَقٍّ حَقَّهُ، صُمْ وَأَفْطِرْ، وَقُمْ وَنَمْ، وَائْتِ أَهْلَكَ / ئەي ئەبۇددەرداﺋ! ھەقىقەتەن بەدىنىڭنىڭمۇ سېنىڭ ئۈستۈڭدە ھەققى بار، ئەھلىڭنىڭمۇ سېنىڭ ئۈستۈڭدە ھەققى بار، رەببىڭنىڭمۇ سېنىڭ ئۈستۈڭدە ھەققى بار. ھەربىر ھەق ئىگىسىگە ھەققىنى بەرگىن. گاھى روزا تۇت، گاھى تۇتما، كېچىسى تۇر ھەم ئۇخلا، ئەھلىڭگىمۇ كەل»(23).

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىبادەت ئۈچۈن بولسىمۇ نەفسكە كۆتۈرەلمەيدىغان يۈكنى ئارتىپ قويۇشنى ئىسلامنىڭ تەلەپ قىلمايدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا رازى بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلغان. چۈنكى، ئادەتتىن تاشقىرى مۇشەققەتلىك بىر ئىشنى داۋاملاشتۇرغىلى بولمايدۇ، گاھىدا شۇ سەۋەبلىك ھىممەت ئۈزۈلۈپ قېلىشى مۇمكىن. رىۋايەت قىلىنىشىچە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «إِنَّ هَذَا الدِّينَ مَتِينٌ، فَأَوْغِلُوا فِيهِ بِرِفْقٍ، وَلَا تُبَغِّضُوا إِلَى أَنْفُسِكُمْ عِبَادَةَ اللَّهِ، فَإِنَّ الْمُنْبَتَّ لَا أَرْضًا قَطَعَ وَلَا ظَهْرًا أَبْقَى / (شۈبھىسىزكى، بۇ دىن مۇستەھكەمدۇر. شۇڭا، ئۇنىڭغا ئاستا چوڭقۇرلاڭلار، نەفسىڭلارغا ئاللاھنىڭ ئىبادىتىنى ئۆچ كۆرسىتىپ قويماڭلار. چۈنكى، ئۇلىغىنى بەك چاپتۇرۇپ ھاردۇرۇۋەتكەن كىشى ھېچبىر يەرنى بېسىپ ئۆتەلمەيدۇ ۋە ئۇلاغنىمۇ ساق قويمايدۇ» دېگەن(24). يەنە ئېيتقانكى: «إِنَّ الدِّينَ يُسْرٌ، وَلَنْ يُشَادَّ الدِّينَ أَحَدٌ إِلَّا غَلَبَهُ، فَسَدِّدُوا وَقَارِبُوا، وَأَبْشِرُوا، وَاسْتَعِينُوا بِالْغَدْوَةِ وَالرَّوْحَةِ وَشَيْءٍ مِنَ الدُّلْجَةِ / دىن ھەقىقەتەن ئاساندۇر. دىننى ھېچكىم چىڭىتالمايدۇ. چىڭىتىمەن دەيدىكەن، دىن ئۇنىڭغا غالىب كېلىدۇ. توغرىنى ئىزدەڭلار، توغرىغا يېقىنلىشىڭلار، ساۋابتىن خۇشاللىنىڭلار، ئەتىگەن – ئاخشىمى ۋە كېچىنىڭ بىر قىسمىدا ئاللاھتىن ياردەم تىلەڭلار»(25).

[69] يۇقىرىقىلاردىن يەكۈنلىنىدىغان نەتىجە شۇكى، ئىسلامىي ئەھكاملار ھەقىقىي مەسلەھەنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى نىشان قىلىدۇ، ئۇندىن باشقىنى نىشان قىلمايدۇ، شۇنداقلا مۇئمىننىڭ ئىزچىل دىنىي تەربىيە ئىچىدە بولۇشى ئۈچۈن، كىشىلەرگە تائەت سەۋەبلىرىنى ۋە ئۇنى داۋاملاشتۇرۇشنى قولايلاشتۇرۇپ بېرىدۇ.

بۇنىڭغا بىنائەن، فۇقەھائ‍ شەرئىي نەسلەردىن ئېلىنغان ۋە شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىنى بەلگىلەپ بېرىدىغان بىر قىسىم فىقھىي قائىدىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ ھەقتە ئۇلار «زىيان يوقىتىلىدۇ»، «ئىككى زىياننىڭ يېنىكرەكى ئارقىلىق ئېغىرراقى دەﻓﺌ قىلىنىدۇ»، «ئومۇمىي زىياننى دەﻓﺌ قىلىش ئۈچۈن خۇسۇسىي زىيان ئۈستىگە ئېلىنىدۇ»، «مەفسەدەنى دەﻓﺌ قىلىش مەسلەھەنى ھاسىل قىلىشنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ» دېگەنلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.

دېمەك، شۇ ئايان بولىدۇكى، ئۇلار مەسلەھەنى ھاسىل قىلىش، مەفسەدەنى دەﻓﺌ قىلىش چاقىرىقىنى «قۇرئان» ۋە سۈننەت نەسلىرىدىن ئالغان. ئۆزلىرى توقۇۋالمىغان.

ئوچۇق ۋە سابىت نەس ئېلىپ كەلگەن ھەرقانداق بىر ئىشتا چوقۇم مەسلەھە باردۇر، نەس ئوچۇق نەھيى قىلغان ھەرقانداق بىر ئىشتا زىيان باردۇر. ھېچكىم «ئىسلام شەرىئىتىنىڭ نەسلىرى ھېچبىر دەۋردە مەسلەھەنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايدۇ» دەپ دەۋا قىلالمايدۇ. چۈنكى، بىراۋنىڭ «نەسلەر مەسلەھەلەرگە ئوچۇق تاقىشىدۇ» دېگەن دەۋاسى باتىل دەۋادۇر. ئۇنىڭ دېگىنى مەسلەھە ئەمەس، بەلكى ئۇ نەفسنىڭ ھاۋايى – ھەۋەسلىرىدۇر، پىكرىي قايمۇقۇشلاردۇر. كىمكى ئۇنداق مەسلەھەلەرنى تۇتىدىكەن، ھاۋايى – ھەۋەسلەرنى دىنىي نەسلەرگە ھاكىم قىلغان بولىدۇ. بۇ، رىسالەتى مۇھەممەدىيەگە ئاسىيلىقتۇر. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

 

ئىسلام مەزھەبلىرى تارىخى/ تاريخ المذاهب الإسلامية؛ ئىمام مۇھەممەد ئەبۇ زەھرە؛ مۇھەممەد قاۋۇل قاراخانىي تەرجىمىسى؛ ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى


1. ھەدىسنىڭ ئەسلى: «أنَّ اللَّهَ افْتَرَضَ عَلَيْهِمْ صَدَقَةً فِي أَمْوَالِهِمْ تُؤْخَذُ مِنْ أَغْنِيَائِهِمْ وَتُرَدُّ عَلَى فُقَرَائِهِم»دۇر. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1331)؛ مۇسلىم (19). ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەتى.
2. تىرمىزىي (2305)؛ ئىبنى ماجە (4217). ئالبانىي: «ھەسەن» دېگەن. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەتى.
3. ئەھمەد (23536)؛ بەيھەقىي: «شۇئەبۇل ئىمان»، (4774). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «ئىسنادى سەھىھ» دېگەن. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەتى.
4. بۇ ئايەت مۇئەللىفنىڭ مۇددىئاسىغا مۇناسىپ ھالدا، «تەفسىرۇ بەيزاۋىي» ۋە «تەفسىرۇ نەسەفىي»دىكى تەفسىر بويىچە تەرجىمە قىلىندى.
5. تەئزىر (التَّعْزِيرُ): ئەرەبچىدە «ياندۇرماق، توسماق، ئەدەبلىمەك؛ ياردەم بەرمەك، ھۆرمەتلىمەك» دېگەن مەنىلەردە بولۇپ، فىقھىي ئىستىلاھتا: «شەرىئەتتە جازا ياكى كەففارەت بەلگىلەنمىگەن جىنايەت ۋە قىلمىشلارغا قارىتا ئەدەبلەش يۈزىسىدىن بېرىلىدىغان بەش – ئون دەررە ئۇرۇشتەك ياكى جەرىمانە ئېلىشتەك ئاللاھنىڭ ياكى بەندىنىڭ ھەققى سۈپىتىدە ۋاجىب بولغان يەڭگىلرەك جازا»دۇر. بۇ جازانى ھاكىم ياكى قازى ئۆزى جەمئىيەت ۋە شەخس ئەھۋالىغا قاراپ مۇۋاپىق بەلگىلەيدۇ. بەزى مەزھەبلەردە بەزى جىنايەتلەرگە قارىتا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنىمۇ تەئزىر دائىرىسىگە كىرگۈزىدۇ. تەئزىر جىنايەتچىنى جىنايەتنى قايتا سادىر قىلىشتىن توسۇش، ئۇنى ئىسلاھ قىلىش ۋە باشقىلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 12/254؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 395 – بەت.

6. يەنى ئىنسانلار ساماۋى شەرىئەتلەرگە تايانماستىن تۈزۈۋالغان قانۇنلار.
7. غەززالىي: «ئەلمۇستەسفا فى ئىلمىل ئۇسۇل»، 1/478، دارۇننەفائىس، نەشرگە تەييارلىغۇچى: د. مۇھەممەد ئابدۇرراھمان مەرئەشلىي، 1 – باسمىسى، م. 2011.
8. غەززالىي: يۇقىرىقى مەنبە، 1/478.
9. مۇزارەئە / تېرىقچىلىق كېلىشىمى (الْمُزَارَعَةُ): ئەرەبچىدە «ئۇرۇق چېچىش، تېرىش، تىكىش ۋە ئۆستۈرۈش»نى بىلدۈرىدىغان «زَارَعَ» كەلىمەسىنىڭ مەسدەرىدۇر. فىقھتا: «چىققان ھوسۇلنىڭ بىر قىسمى بەدىلىگە زىرائەت تېرىش»تىن ئىبارەت بولۇپ، بىر تەرەپ تېرىلغۇ يەر چىقارسا، يەنە بىر تەرەپ كۈچىنى چىقىرىپ يەرنى تېرىيدۇ، سۇغىرىدۇ ۋە پەرۋىش قىلىدۇ. تېرىقچىلىققا كېتەرلىك ئۇرۇق، سايمان ۋە ھايۋان قاتارلىقلارنى قايسى تەرەپ چىقىرىدىغان بولۇپ كېلىشكەن بولسا، شۇ تەرەپ چىقىرىدۇ. يەردىن ھوسۇل ئالغاندا، ھەر ئىككى تەرەپ كېلىشىم بويىچە ھوسۇلنىڭ مەلۇم پىرسەنتىنى ئالىدۇ. بۇ خىل كېلىشىم جائىز بولۇپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خەيبەر ئاھالىسى بىلەن خەيبەر زېمىنىدىن چىقىدىغان زىرائەت ياكى مېۋە ھوسۇلىنىڭ يېرىمىنى ئۇلارغا بېرىش شەرتى بىلەن مۇئامەلە كېلىشىمى تۈزگەن («سەھىھەين»). قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 37/4؛ ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، ئۇيغۇرچە 2 – نەشرى، 300 – بەت.
10. مۇساقات / باغۋەنچىلىك كېلىشىمى (الْمُسَاقَاةُ): ئەرەبچىدە «سۇغۇرۇشنى بىلدۈرىدىغان «سَاقَى» كەلىمەسىنىڭ مەسدەرى»دۇر. فىقھتا: «چىققان ھوسۇلنىڭ بىر قىسمى بەدىلىگە باغۋەنچىلىك قىلىش»تىن ئىبارەت بولۇپ، بىر تەرەپ باغ چىقارسا، يەنە بىر تەرەپ كۈچىنى چىقىرىپ باغۋەنچىلىك قىلىدۇ. باغدىن ھوسۇل ئالغاندا، ھەر ئىككى تەرەپ كېلىشىم بويىچە ھوسۇلنىڭ مەلۇم پىرسەنتىنى ئالىدۇ. بۇ كېلىشىم ئىسلامنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە مەدىنە مۇنەۋۋەرەدە «مۇئامەلە (المُعَامَلَةُ)» دەپمۇ ئاتالغان. بۇ خىل كېلىشىم جائىز بولۇپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خەيبەر ئاھالىسى بىلەن خەيبەر زېمىنىدىن چىقىدىغان زىرائەت ياكى مېۋە ھوسۇلىنىڭ يېرىمىنى ئۇلارغا بېرىش شەرتى بىلەن مۇئامەلە كېلىشىمى تۈزگەن («سەھىھەين»). قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 25/353؛ دوكتور مۇھەممەد رەۋۋاس قەلئەجىي: «فۇقەھائ‍ لۇغىتى قامۇسى»، 394 – بەت.

11. سەلەم (ئالدىن پۇل تاپشۇرۇش) سودىسى (بَيعُ السَّلَمِ/ بَيعُ السَّلَفِ): ئەرەبچىدە بۇ سۆز: «ئالدىن بېرىش، ئالدىن تاپشۇرۇش» دېگەن مەنىدە. «السَّلَفُ» دېگەن سۆزمۇ شۇ مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئىسلام فىقھىدا: «ئىگىدارلىقنى پۇلدا دەرھال، تاۋاردا مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن روياپقا چىقىرىدىغان سودا كېلىشىمى»نى كۆرسىتىدۇ. بۇ سودىدا پۇلنى ئالدىن نەق بېرىپ، تاۋارنى مەلۇم مۇددەتتىن كېيىن تاپشۇرۇپ ئالىدۇ. ئالتۇن – كۈمۈش ۋە قەغەز پۇللارنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن سەلەم سودىسى دۇرۇس بولمايدۇ. چۈنكى، سەلەم دېگەن پۇلنى ئالدىن بېرىپ تاۋارنى كېيىن تاپشۇرۇۋېلىشتىن ئىبارەت. ئالتۇن – كۈمۈش ۋە قەغەز پۇللارنى سېتىش – سېتىۋېلىشتا نەقمۇنەق بولمىسا جازانە بولىدۇ. شۇڭا، ئۇنىڭدىن باشقا سۈپىتىنى ئېنىق بېكىتكىلى، مىقدارىنى بىلگىلى بولىدىغان ھەرقانداق تاۋاردا سەلەم سودىسى دۇرۇس بولىدۇ. يەنە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ بۇ سودىنى قىلىش ياكى قىلماسلىق ئىختىيارلىقى بولماستىن سودىنى كېسىپ قىلىش كېرەك. بولمىسا جائىز بولمايدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەدىنەگە كەلگەندە، كىشىلەر ئىككى يىلنىڭ ۋە ئۈچ يىلنىڭ خورمىسىغا ئالدىنئالا پۇل تاپشۇراتتى. شۇڭا، رەسۇلۇللاھ: «كىمكى بىرەر نەرسىگە ئالدىنئالا پۇل تاپشۇرماقچى بولسا، كەمچەن ئېنىق، ۋەزننى ئېنىق قىلىپ، مەلۇم مۇددەتكە پۇل تاپشۇرسۇن» دەپ («بۇخارىي»، 2240؛ «مۇسلىم»، 1604)، بۇ سودىنىڭ شەرتلىرىنى بايان قىلىپ بەرگەن. قاراڭ: ئەلمەۋسىلىي: «ئەلئىختىيار»، 2/35؛ ئالائۇددىن ئەبۇبەكرى ئىبنى مەسئۇد ئەلكاسانىي: «بەدائىئۇسساناﺋﯩﺌ»، 11/371، نەشرگە تەييارلىغۇچى: مۇھەممەد ئەدنان دەرۋىش، دارۇ ئىھيائىتتۇراسىل ئەرەبىي نەشرىياتى، بېيرۇت، م. 2000؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 25/191 – 200.

12. مۇرابەھە (پايدسىغا سېتىش) سودىسى (الْمُرَابَحَةُ): ئەرەبچىدە «ئۆزئارا پايدا ئېلىش»نى بىلدۈرىدىغان «رَابَحَ» كەلىمەسىنىڭ مەسدەرىدۇر. كلاسسىك فىقھتا: «مالنىڭ سېتىۋېلىنغان ئەسل نەرخىنىڭ خېرىدارغا بىلدۈرۈلۈشى ۋە ئۈستىگە پايدا قوشۇپ سېتىلىشى»دۇر. يەنى خېرىدار سېتىۋالغان مېلىدا ساتقۇچىغا قانچىلىك پايدا بەرگەنلىكىنى بىلىدۇ. بۇنىڭ ھۆكمى جائىز بولۇپ، كۈنىمىزدىكى «ئىسلام بانكىلىرى»دىكى «مۇرابەھە» بۇنىڭدىن پەرقلىق. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 9/49؛ دوكتور مۇھەممەد رەۋۋاس قەلئەجىي: «فۇقەھائ‍ لۇغىتى قامۇسى»، 389 – بەت.

13. تەۋلىيە / ئىزىغا سېتىش سودىسى (التَّوْلِيَةُ / بَيْعُ التَّوْلِيَةِ): ئەرەبچىدە «ئىگە قىلىش»نى بىلدۈرىدىغان «وَلَّى» كەلىمەسىنىڭ مەسدەرىدۇر. فىقھتا: «مالنىڭ سېتىۋېلىنغان ئەسل نەرخىنىڭ خېرىدارغا بىلدۈرۈلۈشى ۋە ئۈستىگە پايدا قوشماستىن ياكى زىيان تارتماستىن ئىزىغا سېتىلىشى»دۇر. يەنى خېرىدار سېتىۋالغان مېلىدا ساتقۇچىغا پايدا بەرمىگەنلىكىنى بىلىدۇ. بۇنىڭ ھۆكمى جائىزدۇر. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: ««كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 14/195؛ دوكتور مۇھەممەد رەۋۋاس قەلئەجىي: «فۇقەھائ‍ لۇغىتى قامۇسى»، 132 – بەت.

14. ئەھمەد (17975)؛ ئەبۇ داۋۇد (3628)؛ نەسائىي (4689)؛ ئىبنى ماجە (2427). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن. ئەششەرىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەتى.

15. ئىززۇددىن ئىبنى ئابدۇسسالام: «قەۋائىدۇل ئەھكام (قواعد الأحكام في مصالح الأنام)»، 1/66، مەكتەبەتۇل كۇللىييات ئەلئەزھەرىييە، قاهىرە، م. 1991.
16. يەنى ۋالىي ياكى ئەمىر.
17. ئىززۇددىن ئىبنى ئابدۇسسالام: «قەۋائىدۇل ئەھكام»، 1/56.
18. ھاكىم (4884). ئالبانىي: «ھەسەن» دېگەن. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەتى.
19. نەسائىي (9163). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەتى.
20. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6100)؛ مۇسلىم (783). ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەتى.
21. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەققىدە: «ئەمەلى ئىزچىل ئىدى» دېگەن. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1987)؛ مۇسلىم (783).
22. بۇخارىي (4776)؛ ئىبنى ھىببان (317). ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەتى.
23. ئەبۇ نۇئەيم: «ھىليەتۇل ئەۋلىياﺋ»، 1/188.
24. ھەدىسنىڭ باش تەرىپى «ھەسەن» بولۇپ، ئۇنى ئىمام ئەھمەد (13074) ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان. ئاخىرقى قىسمى بىلەن كەلگەن رىۋايەت «زەئىف» بولۇپ، ئۇنى ئىبنۇل مۇبارەك («ئەززۇھد»، 1178)، بەيھەقىي («ئەسسۈنەنۇل كۇبرا»، 4931) لار جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان.
25. بۇخارىي (39)؛ نەسائىي (5034). ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەتى.

Please follow and like us: