مەزھەبلەر ئارىسىدىكى ئىختىلاپ
ئۇنىڭ سەۋەبلىرى ۋە دائىرىسى
[41] ھەر خىل شەھەرلەرنىڭ مەزھەبلىرى شەكىللەندى. ھالبۇكى فىقھىي يۆنىلىشلەرنىڭ شەكىللىنىشى بىلەنلا شەھەرلەردە ئىختىلاپ باشلىنىپ بولغانىدى. ئىراقتا ئۆزىگە خاس مېتودى بار بىر فىقھىي يۆنىلىش بارلىققا كەلدى، ئاندىن ھىجازدا، ئاندىن شامدا بارلىققا كەلدى، ئاندىن شىئەلەرنىڭمۇ فىقھىي يۆنىلىشى شەكىللەندى. شۇنىڭدىن كېيىن ھەربىر يۆنىلىشتە ئەتراپىغا شاگىرتلار ئولىشىدىغان بىردىن كۆزگە كۆرۈنگەن ئادەم بار بولدى. ئۇ ئادەم شاگىرتلارنى رىۋايەت ۋە فىقھىي مەرىپەت بىلەن تەمىنلەيتتى، رىۋايەتلەرنى تەخرىج قىلاتتى ۋە رىۋايەتلەردىن ئەھكام ئىستىنبات قىلاتتى، ۋەقەلەرنى تەتقىق قىلىپ، ئۇنىڭغا ھۆكۈم بېرەتتى. كۇفەدە قىياس پېشۋاسى ئىمام ئەبۇ ھەنىفە، مەدىنەدە مەدىنە شەيخى ئىمام مالىك، شامدا شام شەيخى ئىمام ئەۋزائىي، مىسىردا ئىمام لەيس ئىبنى سەئد بار ئىدى. ئاندىن ئىككىنچى قاتلام مەيدانغا كېلىپ، شافىئىي، ئەھمەد، داۋۇدلار ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇلاردىن كېيىنمۇ ئىجتىھاد ئارقىمۇئارقا داۋاملاشتى، ئاندىن مەزھەب مايىللىقى مەيدانغا كەلدى. شۇنىڭ بىلەن مۇجتەھىد مۇتلەق شەكىلدە ئىجتىھاد قىلماي، ئۆز مەزھەبى دائىرىسىدە ئىجتىھاد قىلىدىغان بولدى، ئاندىن مەزھەبنىڭ ئۇسۇللىرى دائىرىسىدە ئىجتىھاد قىلىش ئىمامنىڭ قاراشلىرىغا باغلىنىشقا يۆتكەلدى، شۇنداقتىمۇ مەزھەبتە ئىمامنىڭ سۆزى كەلمىگەن ئىشلاردا ئىجتىھاد قىلىشمۇ بار ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئىجتىھاد مەزھەبتىكى مۇجتەھىدلەرنىڭ قاراشلىرىغا باغلىنىشقا ۋە شۇ قاراشلار بويىچە تەخرىج قىلىشقا، ئاندىن ئىلگىرىكىلەر يېتىپ بارغان يەردە توختىۋېلىش ۋە قاتماللىشىشقا ئايلاندى. [42] مادامىكى ئىلگىرىكىلەر ۋە كېيىنكىلەر بىرلىككە كەلگەن ئۆزگەرمەس شەرئىي ئاساسلاردىن چىقىپ كەتمىسىلا، فىقھىي فۇرۇئاتلاردا ئىختىلاپنىڭ بولۇشى / كۆزقاراشلارنىڭ خىلمۇخىل بولۇشى دىندىن ئېغىپ كەتكەنلىكنى بىلدۈرمەيدۇ، بەلكى كۆزقاراشلارنىڭ خىلمۇخىل بولۇشى — مادامىكى ئۇنىڭ ئاساسى ھەقنى ئىزدەش بولسا — كىشىلەرنىڭ تاللاشلىرىدا ئۇلارغا كەڭرىچىلىك ئىشىكىنى ئاچىدۇ، ئەقىللەرگە توغرا تاللاشنىڭ يولىنى ئاچىدۇ. چۈنكى، قاراشلارنىڭ خىلمۇخىل بولۇشى ۋە قاراشلاردىكى نۇقتىئىنەزەرلەرنى تېپىپ چىقىش ئارىسىدىن ھەقنىڭ نۇرى ئېنىق زاھىر بولىدۇ.
ئىجتىھاد ئىماملىرىدىن ھەربىر ئىمام ئىختىلاپلاشقۇچىلارنىڭ (يەنى قارشى پىكىردىكىلەرنىڭ) سۆزلىرىنى بىلىشكە ھېرىس ئىدى. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە: «كىشىلەرنىڭ (يەنى فۇقەھائنىڭ) ئىختىلاپلىرىنى ئەڭ كۆپ بىلگەن ئادەم ئەڭ ئالىمدۇر» دەيتتى. چۈنكى، تالاش – تارتىش بولۇنغان بىر مەسىلىدىكى ئالىملارنىڭ قاراشلىرىنى بىلىش ئىنچىكە نەزەر سالالايدىغان، دەلىلنىڭ ئاجىزى بىلەن كۈچلۈكىنى تونۇيالايدىغان ئادەمگە ھەقنى ئېچىپ بېرىدۇ. بۇ دېگەنلىك «ئىشقا ھەممە تەرەپتىن نەزەر سېلىش» دېگەنلىكتۇر. ئىشقا ھەممە تەرەپتىن نەزەر سالىدىغان ئادەم شۇ ئىشتىكى توغرا – خاتانى ياخشى ئايرىيالايدۇ.
ئىختىلاپنىڭ دائىرىسى
[43] فۇرۇئدىكى ئىختىلاپ ئىجماﺋ قىلىنغان بىرەر ئۇسۇل ھەققىدە بولمىغان ھەمدە ئىختىلاپلىشىش دۇرۇس بولمايدىغان ئىسلامنىڭ ئۆزگەرمەس پرىنسىپلىرىدىن بىرەر ئىش ھەققىدىمۇ بولمىغان. بەلكى (فىقھىي) مەزھەبلەر ئارىسىدىكى ئىختىلاپ بۇ پرىنسىپلار ئارقىسىدىكى فۇرۇﺋ ھەققىدىدۇر. مەزكۇر پرىنسىپلار دىندا ھەممە ئادەم ئوچۇق – ئاشكارا ئېنىق بىلىدىغان ئىشلاردۇر، مەسىلەن بەش ۋاقىت نامازنىڭ پەرزلىكى، نامازنى كەئبە تەرەپكە قاراپ ئوقۇش، نامازنىڭ ئەركانلىرى، پەرز روزا، پەرز زاكات، پەرز ھەج، زاكاتنىڭ مىقدارلىرى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا «ئىسلامنىڭ رامكىسى» دەپ قارالغان ئىشلار بولۇپ، بۇ رامكىنىڭ ئىچىگە كىرمىگەن ئادەم مۇسۇلمان ھېسابلانمايدۇ. شۇ جۈملىدىن، يەنە نىكاھلىنىش ھارام قىلىنغان ئاياللار، مىراستىكى مىقدارلار ۋە ئۇنىڭدىن باشقا «قۇرئان كەرىم» بىلەن شەكسىز ھالدا ئىسپاتلانغان ئىشلار. ئالىملار ھەقىقەتەن بۇ ئىشلارنىڭ ئىجماﺋ بىلەن ئىسپاتلانغانلىقىنى، ئۇنى ئىنكار قىلغان ئادەمنىڭ دىندىن چىقىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.ئىختىلاپ بۇنىڭدىن باشقا ئىشلاردا بولسا، ئۇ ئىختىلاپنىڭ تېمىسى نېمە؟ سەۋەبىچۇ؟
بىز ئېيتىمىزكى:
ئىختىلاپ ھەقىقەتەن ھۆكمى قەتئىي دەلىل بىلەن ئىسپاتلانمىغان جۇزئىي ئىشلاردا بولغان. بۇ ئىختىلاپ ھەر خىل تېمىلاردا ۋە پەرقلىق دەلىللەش جەھەتلىرىدە بولغان. بۇ ئىشلاردا ئىجتىھاد قىلىش — گەرچە ئىجتىھاد بىرەر خاتاغا ئېلىپ بارسىمۇ — ساۋابتۇر. رىۋايەت قىلىنىشىچە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتقانكى: «إِذَا حَكَمَ الْحَاكِمُ فَاجْتَهَدَ ثُمَّ أَصَابَ فَلَهُ أَجْرَانِ، وَإِذَا حَكَمَ فَاجْتَهَدَ ثُمَّ أَخْطَأَ فَلَهُ أَجْرٌ / ئەگەر ھاكىم ئىجتىھاد قىلىپ ھۆكۈم چىقارغىنىدا ھەق ھۆكۈمنى دەل تاپالىسا، ئىككى ئەجىرگە ئېرىشىدۇ. ئەگەر ئىجتىھاد قىلىپ ھۆكۈم چىقارغىنىدا خاتا ھۆكۈم چىقىرىپ قالسا، بىر ئەجىرگە ئېرىشىدۇ»(1). پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە مۇجتەھىدنىڭ خاتالىشىپمۇ قالىدىغانلىقى، ئەگەر بار كۈچىنى چىقىرىپ ئىزدەنگەنلا بولسا، ئۇنىڭغا گۇناھ يېزىلمايدىغانلىقىنى ئۆگەتتى. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىجتىھاد قىلاتتى، خاتالىشىپ قالسا ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئەسكەرتىپ، ئۇنىڭغا توغرىنى كۆرسىتەتتى. چۈنكى، ئۇنىڭ سۆزى شەرىئەتتۇر. شۇڭا، ئۇنىڭ بىرەر خاتالىق ئۈستىدە تۇرۇپ قېلىشى مۇمكىن ئەمەس. يۇقىرىدا بۇنى دەپ ئۆتتۇق.
كىتاب ھەققىدىكى ئىختىلاپ
[44] كىتابنىڭ دەلىللىك پرىنسىپى مۇقەررەر پرىنسىپ بولۇپ، ئۇنىڭدا شەككە ئورۇن يوق. چۈنكى، كىتاب شەرىئەتنىڭ تۈۋرۈكىدۇر، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۆجىزىسىدۇر ۋە قىيامەت كۈنىگىچە سوزۇلغان ئاللاھنىڭ ئارغامچىسىدۇر. كىتاب ئۆز ئىچىگە ئالغان ھۆكۈملەرنىڭ ئىسلامنىڭ يىلتىزى ۋە ئۇلى ئىكەنلىكىدە ھېچ ئىختىلاپ يوق. ئىختىلاپ پەقەت «قۇرئان كەرىم»نىڭ بەزى كەلىمەلىرىدىكى دالالەتلەرنىڭ كۈچى ھەققىدە بولغان. چۈنكى، ئۇنىڭ بەزى كەلىمەلىرى مۇجمەل (يەنى ئابستراكت) بولۇپ، ئۇنى چۈشىنىش فىقھىي ئىجتىھادقا قالدۇرۇلغان. مەسىلەن، ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿وَٱلۡمُطَلَّقَٰتُ يَتَرَبَّصۡنَ بِأَنفُسِهِنَّ ثَلَٰثَةَ قُرُوٓءٖۚ وَلَا يَحِلُّ لَهُنَّ أَن يَكۡتُمۡنَ مَا خَلَقَ ٱللَّهُ فِيٓ أَرۡحَامِهِنَّ / تالاق قىلىنغان ئاياللار ئۈچ ھەيز ئۆتكۈچە ئىددەت تۇتىدۇ. ئەگەر ئۇلار ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىكەن، بەچچىدانلىرىدىكى ئاللاھ ياراتقان نەرسىنى يوشۇرۇشى دۇرۇس ئەمەس﴾(2/«بەقەرە»: 228) دېگەن سۆزىدىكى «قۇرۇﺋ (قُرُوٓءٖ)» كەلىمەسىنى كۆپىنچە فۇقەھائ «ھەيز» مەنىسىدە تەفسىرلىگەن. ئىمام شافىئىي «پاكلىق» مەنىسىدە تەفسىرلىگەن. كەلىمەنىڭ ئىككىلى خىل مەنىگە ئېھتىمالى بار بولۇپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن «كەلىمەنىڭ تەفسىرى ماۋۇ» دېگۈدەك، ھەممىسىنىڭ نەزەرىدە سەھىھ بولغان بىرەر ھەدىسمۇ كەلمىگەن. شۇنداق! پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تىلى بىلەن «دَعِي الصَّلاَةَ أَيَّامَ أَقْرَائِكِ / ھەيز كۈنلىرىڭىزدە نامازنى تەرك ئېتىڭ»(2) دەپ كەلگەن. شەكسىزكى، بۇ يەردە ھەيز مەقسەتتۇر. چۈنكى، ناماز پاكلىق ۋاقتىدا تەرك ئېتىلمەيدۇ، پەقەت ھەيز ۋاقتىدا تەرك ئېتىلىدۇ. يەنە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ «وَقُرْؤُهَا حَيْضَتَانِ / ئۇ ئايالنىڭ قۇرئى ئىككى ھەيزدۇر»(3) دېگەنلىكى كەلگەن، لېكىن بۇ ھەدىس ئىمام شافىئىينىڭ نەزەرىدە سەھىھ بولمىغان. «قۇرئان كەرىم»نىڭ بەزى كەلىمەلىرى ھەققىدە مۇشۇنداق ئىختىلاپنىڭ بولغانلىقىنى كۆرىمىز.سۈننەتتىن تېمىغا مۇناسىۋەتلىك بىرەر نەس بار تۇرۇپمۇ، «قۇرئان»نىڭ بەزى ئىبارىلىرىنىڭ دالالىتى ھەققىدە ئىختىلاپ بولۇپ قالىدۇ. ئەۋۋەلەن، سۈننەتنىڭ «قۇرئان»نىڭ ئومۇمىيلىقىنى خاسلاشتۇرغۇچى بولۇشىنى مىسال قىلايلى. مانا بۇ يەردە فۇقەھائ ئارىسىدا ئىختىلاپ يۈز بېرىدۇ. كۆرىمىزكى، ئىمام شافىئىي، ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل ۋە باشقا كۆپ ئالىملار «‹قۇرئان›نى سۈننەتتە كەلگەن بايانلارغا قارىتىمىز» دەپ قارايدۇ. چۈنكى، سۈننەت «قۇرئان»نى بايان قىلغۇچى ۋە تەفسىرلىگۈچى، مۇجمەلنى تەپسىلىيلەشتۈرگۈچىدۇر. چۈنكى، ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿وَأَنزَلۡنَآ إِلَيۡكَ ٱلذِّكۡرَ لِتُبَيِّنَ لِلنَّاسِ مَا نُزِّلَ إِلَيۡهِم / بىز ساڭا قۇرئاننى ئىنسانلارغا چۈشۈرۈلگەن شەرىئەتنى بايان قىلىپ بەرسۇن، دەپ نازىل قىلدۇق﴾(16/«نەھل»: 44). دېمەك، سۈننەتتە «قۇرئان»دىكى ھەرقانداق بىر ئام كەلىمەنىڭ زاھىرىغا خىلاپ بىرنەرسە كېلىپ قالسا، «قۇرئان»نىڭ ئومۇمىيلىقى سۈننەت بىلەن خاسلاشتۇرۇلىدۇ.
ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ۋە بەزى فۇقەھائ ئېيتقانكى: «قۇرئاننىڭ ئومۇمىيلىقى ئومۇمىيلىق تەقەززاسى بويىچە جارى بولىدۇ. ئەگەر ‹قۇرئان›غا قىسمەن مۇخالىپ كەلگەن سۈننەت مۇتەۋاتىر ياكى مەشھۇر بولۇپ قالسا، شۇ چاغدا سۈننەت ‹قۇرئان›نى خاسلاشتۇرىدۇ. ئەگەر مۇتەۋاتىر بولمىسا، ‹قۇرئان› ئۆزىنىڭ ئومۇمىيلىقىدا قالىدۇ. چۈنكى، ‹قۇرئان› مۇتەۋاتىرلىقىدا قەتئىيدۇر. خەبەرى ئاھاد ھېچبىر باتىل كىرەلمەيدىغان ‹قۇرئان كەرىم›نىڭ ماقامىدا بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. ‹قۇرئان كەرىم›گە خىلاپ كەلگەن خەبەرى ئاھاد پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىدە سەھىھ ئەمەس». بۇ يەردە فۇقەھائ ئوتتۇرىسىدا مۇنداق ئىككى خىل گەپ بولىدۇ. بىرىنچى گەپ: «قۇرئان»نىڭ زاھىرلىرىنى سۈننەت بىلەن خاسلاشتۇرىدىغانلار ئېيتىدۇ: «سۈننەت ‹قۇرئان›غا ھاكىم. يەنى سۈننەت ‹قۇرئان›نى چۈشىنىشنىڭ، ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىنى تونۇشنىڭ ھەقىقىي ئاچقۇچىدۇر، مۇجتەھىد ‹قۇرئان›نى چۈشىنىشتە سۈننەتتىن بىھاجەت بولالمايدۇ». ئىككىنچى گەپ: سۈننەت «قۇرئان»نىڭ زاھىرلىرى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالسا ۋە سۈننەت خەبەرى ئاھاد جۈملىسىدىن بولسا، سۈننەتنىڭ سەھىھ بولمايدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلەر ئېيتىدۇ: «‹قۇرئان› سۈننەتكە ھاكىمدۇر، ‹قۇرئان› سۈننەتنىڭ سەھىھلىكى ياكى مەردۇدلۇقىغا(4) ھۆكۈم قىلغۇچىدۇر».
بىز فۇقەھائنىڭ «قۇرئان كەرىم»نى دەلىل قىلىشتىكى بىر قىسىم جۇزئىي مەسىلىلەر ھەققىدە مۇشۇنداق ئىختىلاپلاشقانلىقىنى كۆرىمىز. ئەگەر دائىرىنى كېڭەيتىپ، ئىمامىي شىئەلەرگە قارايدىغان بولساق، «قۇرئان كەرىم»نى چۈشىنىشتە مۇجتەھىدلەرنىڭ رايلىرىنىڭ قانچىلىك مەرتىۋىگە ئىگە ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۇلارنىڭ سۈننىيلەر بىلەن ئىختىلاپلىشىدىغانلىقىنى كۆرىمىز. ئەھلىسۈننەتنىڭ قارىشىچە، «قۇرئان» سۈننەت بىلەن تەفسىرلىنىدۇ، ئىجتىھاد قىلماقچى بولغان تېمىدا بىرەر سۈننەت كەلمىگەن بولسا، «‹قۇرئان›نى چۈشىنىشتە ئەرەب تىلى ئىلمى بىلەن شەرىئەت مەقسەتلىرى ئىلمىدىن ئىبارەت ئۆزلىرىگە ئاتا قىلىنغان ئىمكانلار بىلەن ئىجتىھاد قىلىمىز» دەپ قارايدۇ. ئىمامىيلارغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ قارىشىچە، «قۇرئان»نىڭ كامىل ئىلمىنىڭ ئاچقۇچلىرى ئون ئىككى ئىمامدۇر، بۇ ئاچقۇچلارسىز «قۇرئان»نىڭ ئىشىكلىرى تولۇق ئېچىلمايدۇ. «ئەلكافىي (الكافي)» ناملىق كىتابتا ئەبۇ ئابدۇللاھ جەئفەر سادىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ: «كىشىلەر قانداقلا بىر ئىشتا ئىختىلاپلاشمىسۇن، ئۇ ئىشنىڭ ئاساسى ئاللاھنىڭ كىتابىدا بار، لېكىن كىشىلەرنىڭ ئەقىللىرى ئۇنىڭغا يېتەلمەيدۇ» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ(5).
ئۇلارنىڭ نەزەرىدە، كىشىلەرنىڭ ئەقىللىرى ئۇنىڭغا يېتەلمەيدىغان بولسا، ئۇنىڭغا يېتەلەيدىغىنى ۋە ئۇنى كىشىلەرگە بىلدۈرىدىغىنى ئون ئىككى ۋەسىينىڭ ئەقىللىرىدۇر. چۈنكى، ئۇلار «قۇرئان»نىڭ ئاچقۇچلىرىدۇر، ئۇلارنىڭ «قۇرئان»دىن چۈشەنگەن چۈشەنچىسى ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن چۈشەنچىدۇر. ئۇلارنىڭ ھەر دېگەن سۆزلىرىدە ۋە ھەر قىلغان ھۆكۈملىرىدە ئۇلارغا ئىلھام ئاتا قىلىنىدۇ، بەلكى ئۇلار — گەرچە ئۇلارغا جىبرىل چۈشمىگەن بولسىمۇ — خاتالىقتىن مەسۇمدۇر.
سۈننەت ھەققىدىكى ئىختىلاپ
[45] سۈننەت ھەققىدىكى ئىختىلاپ سۈننەتنىڭ دەلىللىكى توغرىسىدا بولمىغان. چۈنكى، سۈننەتنىڭ دەلىللىك پرىنسىپى مۇقەررەردۇر، مۇسۇلمانلارنىڭ نەزەرىدە مەقبۇلدۇر. بۇ پرىنسىپتىن پەقەت بەسرەدىكى بىر قىسىم ئادەملەرلا چىقىۋالغان بولۇپ، ئۇلار دەلىل قىلىشتا پەقەت «قۇرئان»غىلا تايىناتتى. لېكىن، بۇ ھالاكەتلىك قەۋم تارىخنىڭ ئەخلەتلىرى ئارىسىغا كۆمۈلۈپ كەتكەن. ئەگەر ئىمام شافىئىي «ئەلئۇم (الأُمُّ)»دا تىلغا ئالمىسا ئىدى، ئۇلارنى ھېچكىم بىلمىگەن بولاتتى. سۈننەتنىڭ ھۆججەتلىكىنى ئىنكار قىلغۇچىنىڭ مۇسۇلمانلاردىن بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى، سۈننەت پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تەبلىغىدۇر، «قۇرئان كەرىم»نىڭ تەفسىرىدۇر، ئۇ «قۇرئان»نىڭ نۇرانە ئىشىكىدۇركى، سىز «قۇرئان»غا ئۇنىڭ بىلەن كىرىسىز. كىمكى سۈننەتنى «قۇرئان»دىن ئايرىيدىكەن، «قۇرئان»نى ئۇنىڭ پەيغەمبىرىدىن ئايرىغان بولىدۇ. لېكىن، سۈننەت توغرىسىدىكى ھەقىقىي ئىختىلاپ ئىسنادنى شەرت قىلىش ياكى قىلماسلىق ھەققىدە بولغان ئىدى. بىز ئۈممەتنىڭ ئىلگىرىكىلىرىنىڭ «مۇرسەل ھەدىس»نى قوبۇل قىلىشتا كېيىنكىلەر بىلەن پەرقلىق قاراشتا ئىكەنلىكىنى كۆردۇق.ئۇلارنىڭ بەزىلىرىدە باشقىلار بىلمىگەن رىۋايەتلەر بولغانلىقى جەھەتتىن، سۈننەتنى دەلىل قىلىشتا ئىختىلاپ بولغان. (مەلۇم تېمىلاردا) سۈننەت تاپالمىغانلار راي بىلەن پەتۋا بېرىشى كېرەك ئىدى. سۈننەت تاپالىغانلار شۇ سۈننەتنىڭ تەقەززاسى بويىچە پەتۋا بېرىشى كېرەك ئىدى.
ئاندىن سۈننەتنىڭ زاھىرىي جەھەتتىن «قۇرئان»نىڭ ئومۇمىيلىقىغا قارشى كېلىشى ياكى سۈننەتنىڭ قىياس قائىدىلىرىنىڭ تەلىپىگە قارشى كېلىشى جەھەتتىن، يەنە سۈننەت توغرىسىدا ئىختىلاپ بولدى. ئاندىن بەزى ئىماملار مەدىنە ئەھلىنىڭ ئەمەلىنى بەزى رىۋايەتلەردىن ئارتۇق كۆرگەن ئىدى. ئاللاھ خاھلىسا بۇ ھەقتە توختىلىمىز.
ئاندىن بۇ ئىشلاردىن كېيىن، سۈننەتنىڭ مەنىلىرى جەھەتتە شىئەلەرنىڭ ئەھلىسۈننەتتىن پەرقلىق يول تۇتۇشى مەيدانغا كەلدى. ئىمامىي شىئەلەر: «ئۆزلىرىنىڭ ئىماملىرىنىڭ سۆزلىرىنى ئەگىشىشكە تېگىشلىك سۈننەت» دېيىشتى ھەمدە سۈننەتنىڭ پەقەت ئىمامىي كىشىدىنلا رىۋايەت قىلىنىدىغانلىقى، سۈننىي كىشىنىڭ ھەدىسلىرىنىڭ پەقەت مۇئەييەن قەيتلەر بىلەن قوبۇل قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتىشتى.
[46] ئىمامىي شىئەلەرنىڭ ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋاسىتىسى بىلەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە نىسبەت بېرىلىدىغان بىر توپلام سۈننەتلىرى بار. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، ئەلىنىڭ فىقھىسى، پەتۋالىرى ۋە ھۆكۈملىرى سۈننەت كىتابلىرىدا ئۇنىڭ ھاياتىغا ئۇيغۇن مىقداردا كەلمىگەن. ھالبۇكى ئۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋاپاتىدىن تا ئۆزىنىڭ ۋاپاتىغىچە تەتقىقات ۋە پەتۋا بىلەن ئۆتكەن ئىدى. ئۇ ئىلىم شەھرىنىڭ ئىشىكى ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ بەش يىل خەلىفەلىكتە تۇردى. ئۇنىڭ خەلىفەلىكىدە تۈرلۈك ۋەقە – ھادىسىلەر كۆپ بولدى. ئۇنىڭ پۈتكۈل ھاياتى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن كېيىن فىقھ ۋە دىن ئىلمىگە بېغىشلانغان ئىدى. ئۇ كىشىلەر ئارىسىدا رەسۇلۇللاھ بىلەن ئەڭ كۆپ ئالاقە قىلغانىدى. چۈنكى، ئۇ گۆدەكلىكىدىن تا ئاللاھ ئۇنى قەبزى روھ قىلغۇچە رەسۇلۇللاھقا ھەمراھ بولغان. شۇنداق بولغان ئىكەن، سۈننەت كىتابلىرىدا ئۇنىڭ رەسۇلۇللاھتىن قىلغان رىۋايەتلىرى، پەتۋالىرى ۋە ھۆكۈملىرى سۆزلەنگىنىدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق سۆزلىنىشى كېرەك ئىدى.ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن قالغان نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ يوشۇرۇنۇپ قېلىشىغا چوقۇملا ئۇمەۋىيلەر ھاكىمىيىتىنىڭ تەسىرى بار. چۈنكى، ئۇلارنىڭ مۇنبەرلەردە ھەزرىتى ئەلىگە لەنەت ئېيتىپ، ئالىملارنى ئۇنىڭ ئىلمىنى سۆزلىشىگە، ئۇنىڭ پەتۋالىرى ۋە سۆزلىرىنى كىشىلەرگە نەقىل قىلىشىغا، بولۇپمۇ ھاكىمىيەت ئاساسلىرىغا مۇناسىۋەتلىك سۆزلىرىنى نەقىل قىلىشىغا قويۇپ بېرىشى ئەقىلگە ئۇيغۇن ئەمەس.
ئەلى كەررەمەللاھۇ ۋەجھەھۇ ياشىغان ئىراققا قاتتىق قول ۋە قوپال كىشىلەر ھاكىم بولغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ مۇسۇلمان ئاممىنىڭ ئارىسىغا ئەلىنىڭ قاراشلىرىنىڭ ئېقىپ كىرىشىگە يول قويۇشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئۇلار ئۇ توغرۇلۇق شەك ۋە گۇمان تۇغدۇرۇپ، ھەتتا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۇنى «ئەبۇ تۇراب» دەپ ئاتىشىنى ئۇنى كەمسىتىشنىڭ باھانىسى قىلىۋالغان ئىدى(6). ھالبۇكى ئۇ (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!) بۇنداق ئاتىلىشنى شەرەپ بىلەتتى. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇ گەپنى خۇددى ئاتىنىڭ بالىسىغا بولغان مۇھەببىتىدەك بىر مۇھەببەت بىلەن دېگەن ئىدى.
لېكىن، (ئۇمەۋىيلەرنىڭ بېسىمى بىلەن) ھەزرىتى ئەلىنىڭ رىۋايەتلىرى، سۆزلىرى ۋە پەتۋالىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ كىشىلەردىن يوشۇرۇن قېلىشى ئۇنىڭ ئۆچۈپ ھېچكىم بىلمەيدىغان دەرىجىدە تارىخ دولقۇنلىرىدا يوقاپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى بولغانمۇ؟ زەيدىي ۋە ئىمامىي شىئەلەر ئېيتىدۇ: «ئەلى كەررەمەللاھۇ ۋەجھەھۇ ئارقىسىدا پاك ئەۋلادلارنى قالدۇرغان بولۇپ، ئۇلار ئىسلامنىڭ ئىماملىرى ئىدى ۋە ئۈلگە قىلىشقا تېگىشلىك كىشىلەردىن ئىدى. ئۇ ئىككى ئوغلى ھەسەن ۋە ھۈسەيننى قالدۇرغان ھەم پىكىر ئەربابى مۇھەممەد ئىبنى ھەنەفىييەنى قالدۇرغان ۋە ئۇلارغا ئۆزىنىڭ ئىلمىنى ئامانەت قىلغان. ئىبنى ئابباس ھەقىقەتەن ئۆزىنىڭ رەسۇلۇللاھنىڭ سۆزلىرىدىن قالسا ھېچبىر سۆزدىن ئەلىنىڭ سۆزلىرىدىن پايدىلانغانچىلىك پايدىلىنىپ باقمىغانلىقىنى ئېيتقان».
شىئەلەر ئېيتىدۇ: «ئاشۇ ئېسىللەر ھىدايەت ئىمامى بولغان ئاتىسىنىڭ پىكرىي مىراسلىرىنى ساقلاپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ پىكرىي مىراسى زايە بولۇشتىن ساقلىنىپ قالغان. ئۇلار مەدىنەدە تۇرغان ئىكەن، ئاتىسىنىڭ پىكرىي مىراسىمۇ ئۇلار بىلەن مەدىنەدە تۇراقلاشقان. ئۇلارنىڭ ئىلگىرىكىلىرى ئۇ مىراسنى كېيىنكىلىرىگە رىۋايەت قىلىپ يۆتكىگەن. ئەلى جەمەتىدە ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ئىلىملەر بار ئىدىكى، ئۇلار ئەلىنىڭ رەسۇلۇللاھتىن رىۋايەت قىلغان نەرسىلىرىنى ئۇنىڭدىن تولۇق رىۋايەت قىلغان ۋە ئۇلار ئۇنىڭدىن ئۇنىڭ فىقھىسى، پەتۋالىرىنى تولۇق رىۋايەت قىلغان. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، بۇنىڭ ھەممىسى شۇ ئۇلۇغ پەيغەمبەر ئائىلىسى ئىچىدە بار ئىدى.
ئەگەر «گاھىدا (شۇ ئىشلارنىڭ ھەزرىتى ئەلىگە) نىسبەت بېرىلىشىدە يوقنى قوشۇپ قويۇش بولۇپ قالىدۇ» دېيىلسە، ئۇلار جاۋاب بېرىپ ئېيتىدۇ: «پاكىتسىز ھالدا قوشۇپ قويۇش ئەھلى بەيتكە تەرەپدار بولغان شىئەلەردىن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، لېكىن بۇنداق ئىشنىڭ ئىمام ئابدۇللاھ جەئفەر سادىققا نىسبەت بېرىلىدىغان ئەلى جەمەتى كىشىلىرىدىن سادىر بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. بۇ ئىماملار ئىچىدە دىن ئىلمى، تەقۋادارلىق، پەرھىزكارلىق ۋە ئىسلام مەدەنىي مىراسلىرىنى قوغداش جەھەتلەردە ئۆرنەك بولغان پاك – پاكىز كىشىلەردىن باشقىسى يوق».
شۇ جەھەتتىن، ئۇلار ئېيتىدۇ: «ئەھلى بەيتتە ئىمام ئەلى كەررەمەللاھۇ ۋەجھەھۇنىڭ پەرزەنتلىرى ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلغان بىرەر توپلامنىڭ بولۇشى يىراق ئەمەس ئىدى، ھالبۇكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى مەدىنەدە تۇرغان. ئۇلار بەزىدە ئۇنى يوشۇراتتى، بەزىدە ئاشكارىلايتتى».
قانداقلا بولمىسۇن، ئۇلار ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئىلمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەھلى بەيت ئىلمىنىڭ ئۆزلىرىگە يەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
راي ھەققىدىكى ئىختىلاپ
[47] راي ھەققىدىكى ئىختىلاپ راينىڭ ئاساسى ۋە مېتودى جەھەتتە بولغان. فۇقەھائنىڭ بەزىلىرى: «ئىسلامىي ھۆكۈملەر پەقەت نەسلەردىن ئېلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقىسىدىن ئېلىش دۇرۇس بولمايدۇ» دېگەن. بۇلارنىڭ بېشىدا داۋۇد زاھىرىي بار. ئۇنىڭدىن كېيىن زاھىرىيلارنىڭ ئىككىنچى ئىمامى سانىلىدىغان ئىمامى ئىبنى ھەزم ئەندەلۇسىي كېلىپ، بۇ مەزھەبنىڭ فىقھىسىنى يېزىپ توپلىغان ۋە چىڭ يول تۇتۇپ، مەزھەب شەيخى داۋۇدتىنمۇ بەكرەك ئاشۇرۇۋەتكەن.راينى تۇتۇشنى قارار قىلغانلار فۇقەھائنىڭ زور كۆپچىلىكى بولۇپ، ھەتتا ھۆكۈم باغلىنىدىغان ئوچۇق نەس تېپىلمىغاندا، راي بىلەن ئىجتىھاد قىلىشقا ئىجماﺋ قىلىنغىلى تاس قالغان. شۇڭا، كۆپ فۇقەھائ راينى ئىنكار قىلغانلارنى فۇقەھائ قاتارىدىن سانىمايدىغانلىقى ئۈچۈن: «راينى ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ئىختىلاپى ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ، بەلكى ئۇلارنى ئېتىبارغا ئالمايمۇ ئىجماﺋ ئەمەلىيلىشىدۇ» دېگەن. بۇ گەپ تەكشۈرۈشكە تېگىشلىك.
راينى تۇتقانلار راينىڭ مېتودى جەھەتتە ئىختىلاپلاشقان. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى «قىياسنى راي بىلەن ئىجتىھاد قىلىشنىڭ يولى» دەپ قارىمايدۇ. دېگىنىمىزدەك، قىياس دېمەكلىك ھۆكۈمنىڭ مەۋجۇدلۇقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئوتتۇرىدىكى ئورتاق بىر ئىللەتكە ئاساسەن، (نەستە) ھۆكمى سۆزلەنمىگەن بىر ئىشنى ھۆكمى سۆزلەنگەن يەنە بىر ئىشقا قوشۇۋېتىشتۇر.
قىياسنى ئىنكار قىلغانلار ئىمامىي شىئەلەردۇر. لېكىن، ئۇلار راينى نەس يوق ھالدىكى نوقۇل ئەقىلنىڭ ھۆكمىگىلا خاس قىلغان. ھالبۇكى ئۇلارنىڭ نەزەرىدىكى نەس پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۆزلىرىنى، ئىماملارنىڭ سۆزلىرىنى ۋە «قۇرئان كەرىم»نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلار ئەقىل بىلەن ھۆكۈم قىلغان چاغدا، ئەقىل «مەفسەدە ياكى زىيانلىق» دەپ قارىغان نەرسىنى ئەقىلنىڭ دۇرۇس سانىشى مۇمكىن ئەمەس، ئەقىل پەقەت شەكسىز ئېنىق مەسلەھە بولغان نەرسىنىلا دۇرۇس سانايدۇ. دېمەك، ئەقىل بىلەن ھۆكۈم قىلىش ئەمەلىيەتتە ئەقىل «مەسلەھە» دەپ قارىغان مەسلەھە بىلەن ھۆكۈم قىلىشتۇر.
راي بىلەن پەتۋا بېرىشنىڭ ئاساسلىرىدىن بىرى بولغان قىياسنى ئىنكار قىلغان بۇ كىشىلەرگە شافىئىيلار قارشى چىققان. شافىئىيلارنىڭ قارىشىچە، قىياستىن باشقا تەقەززاسى بويىچە پەتۋا بەرگىلى بولىدىغان راي يوللىرىدىن ھېچبىر يول يوق. چۈنكى، شەرئىي ھۆكۈم يا نەس بولىدۇ، ياكى نەسكە بويسۇندۇرۇش بولىدۇ. ئىمام شافىئىي ئۆزىنىڭ فىقھىسىنى نەسلەرگە مەھكەم باغلايدۇ. چۈنكى، ئۇ ئېيتقاندەك، ئۇنىڭ نەزەرىدە ھۆكۈم يا مەۋجۇد بىرنەرسىدىن ئېلىنىدۇ، يا مەۋجۇد بىرنەرسىگە بويسۇندۇرۇش ئارقىلىق ئېلىنىدۇ. فەقىھ ئالدىدا تەقەززاسى بويىچە ھۆكۈم قىلغۇدەك بىرەر نەس بولمىسا، تېمىغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر ئىش ھەققىدىكى نەسنى ئىزدەيدۇ، ئاندىن شۇ نەس بىلەن سابىت بولغان ھۆكۈم بويىچە ھۆكۈم قىلىدۇ.
ھەنەفىيلەر ئىمام شافىئىي ماڭغان يولدا ماڭغان، لېكىن ئۇلار ئىشىكنى ئۇنىڭدىنمۇ كەڭرەك ئېچىپ، ئىستىھسان ئىشىكىنىمۇ ئاچقان. ئىستىھسان دېگىنىمىز «ئۆرپ – ئادەتتەك ياكى زۆرۈرىيەتتەك، ياكى سابىت بىر نەسكە باغلىغىلى بولىدىغان مەسلەھەدەك بىر ئىش سەۋەبىدىن، قىياسىي قائىدىلەرگە قارشى يول تۇتۇش»تۇر.
مالىكىيلار، زەيدىيلەر ۋە بەزى ھەنبەلىيلەر راينىڭ مەنىسىنى كېڭەيتىپ، قىياسنى، ئىستىھساننى ۋە مەسالىھى مۇرسەلەنى تۇتقان. مەسالىھى مۇرسەلە دېگىنىمىز «ئىسلام شەرىئىتىنىڭ مەقسەتلىرىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، لېكىن مەخسۇس بىرەر نەس تەستىقلىمىغان ھەم رەتمۇ قىلمىغان مەسلەھەلەردۇر». ئۇلار مەسلەھەلەر بىلەن پەتۋا بېرىدۇ، لېكىن نەسلەرنىڭ ھۆكۈملىرىدىن چىقىپ كەتمەيدۇ، بەلكى ئۇلار نەسلەرنىڭ ھۆكۈملىرىگە باغلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ تېشىغا چىقمايدۇ. ئۇلار قىياسنىلا تۇتۇپ قىياستىن باشقىنى تۇتمايدىغانلاردەك، مۇئەييەن بىر نەسكىلا باغلىنىۋالمايدۇ. بەلكى ئۇلار بىرقانچە نەس بىرلىشىپ ئىسپاتلىغان مەسلەھەلەرنى ئىزدەيدۇ. ئاشۇنداق بىر مەسلەھەنى تاپسا، شۇنىڭ تەقەززاسى بويىچە پەتۋا بېرىدۇ ۋە شۇ بويىچە ھۆكۈم قىلىدۇ. ئۇلار بۇنىڭدا ئۆمەر، ئەلى، ئوسمان ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ساھابەلەرنىڭ چوڭلىرى ۋە فۇقەھائلىرىدىن تەركىب تاپقان چوڭ بىر تائىپىگە ئەگىشىدۇ.
[48] بۇ يەردە قاراشلار پەرقلىق بولغان بىر ئىش بار، ئۇ بولسىمۇ: نەس بار يەردە راي ئىشلىتىش. نەس مۇتەۋاتىر بولسا ۋە نەسنىڭ دالالىتى قەتئىي بولسا، نەس بار يەردە رايغا ئورۇن يوقلۇقىدا ھەممە ئورتاق قاراشتا. لېكىن، نەس خەبەرى ئاھادتەك زەننىي بولسا، نەس ئىلگىرى سۈرۈلەمدۇ، ياكى قىياسمۇ؟ فۇقەھائ شۇنىڭغا ئىتتىپاقلاشقانكى، ئەگەر راي قىياس بولسا ۋە قىياسنىڭ ئىللىتى نەستە سۆزلەنگەن بولسا، قىياس بىلەن ھەدىس سېلىشتۇرۇلىدۇ. ئەگەر ھەدىس قىياس يوللىرىنىڭ ھېچبىرى بىلەن ئۇيغۇنلاشمايدىغان بولسا، گاھىدا قىياس تەرجىھ قىلىنىدۇ. ئەگەر ئىللەت نەستە سۆزلەنمىگەن بولسا ۋە خەبەرى ئاھاد ھەممە قىياسقا خىلاپ ھالدا كەلگەن بولسا، بۇنىڭدا قاراشلار خىلمۇخىل بولغان. ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ قارىشىچە، ھەرقانداق ھالەتتە ھەدىس ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. چۈنكى، نەس بار يەردە ئىجتىھاد يوق ھەمدە راينى تۇتۇش زۆرۈرىيەت ئۈچۈن ۋە ھۆكۈم بىلەن تەمىنلەيدىغان بىرەر نەس تېپىلمىغانلىقى ئۈچۈن بولىدۇ. بۇ قاراش قىياس فۇقەھائلىرىنىڭ شەيخى ئىمام ئەبۇ ھەنىفەدىن ۋە ئىمام شافىئىي، ئىمام ئەھمەدتىن رىۋايەت قىلىنغان.بەزى ھەنەفىيلەر ئېيتقانكى: «ئەگەر ھەدىسنىڭ ساھابە راۋىيسى فەقىھ بولسا، مەسىلەن ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس، ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد ۋە زەيد ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمدەك، بۇ چاغدا ھەدىس ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. ئەگەر ھەدىسنىڭ راۋىيسى، مەسىلەن ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدەك فەقىھ بولمىسا ۋە ھەدىس قىياسقا ئۇيغۇن كەلمىسە، قىياس ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. ئەگەر ھەدىس بەزى قىياس بىلەن ئۇيغۇنلىشىپ ۋە يەنە بەزىسىگە مۇخالىپ كەلسە، ھەدىس ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. چۈنكى، ھەدىس (بۇ چاغدا) قىياسقا مۇخالىپ سانالمايدۇ». بۇ قاراش ئىمام ئەبۇ ھەنىفەگە نىسبەت بېرىلگەن، لېكىن سەھىھى، ئۇنىڭ قارىشى بىز يۇقىرىدا دېگىنىمىزدۇر.
بەزى ئالىملار دەيدۇكى: «قىياسنىڭ تەقەززاسى قەتئىي بولسا، يەنى قىياس شۈبھىسىز بولغان بارلىق فىقھىي قائىدىلەرگە ئۇيغۇن كەلسە ۋە نەچچە ھۆكۈم بىرلىكتە ئۇنى كۈچەيتسە، بۇ چاغدا قىياس ئالدىغا ئۆتكۈزۈلىدۇ». مېنىڭچە، بۇ خىل قىياسقا دالالەت قىلىدىغان نەسلەر تېپىلىشى لازىم. بىر ھۆكۈمنىڭ قىياس ياكى راي بىلەن سابىت بولۇشى، ئاندىن نەسسىز ھالدا قەتئىيگە ئايلىنىشى بىر پەرەزدۇركى، شەرىئەتنىڭ مەنبەلىرى ۋە مەقسەتلىرىنى بىلىدىغان كىشىگە بۇنىڭ سابىت بولۇشى مۇمكىن ئەمەستۇر. ئەگەر تېپىلىپ قالسا، زاھىرىيلاردىن باشقا فۇقەھائنىڭ ھەممىسى راينى تۇتىدۇ.
مالىكىيلار ئېيتقانكى: «ئەگەر راي مەدىنە ئەھلىنىڭ ئەمەلى بىلەن كۈچلەنسە، ھەدىس رەت قىلىنىدۇ ۋە ھەدىسنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە مەنسۇپلۇقى سەھىھ بولمايدۇ. ئەگەر ھەدىس مەدىنە ئەھلىنىڭ ئەمەلىگە خىلاپ كەلمەيدىغان، لېكىن رايغا خىلاپ كېلىدىغان بولسا، قاراپ باقىمىز: ئەگەر راي كىتابتىن ياكى سەھىھ سۈننەتتىن ئېلىنغان ھېچبىر فىقھىي قائىدە بىلەن ئۇيغۇنلاشمايدىغان بولسا، ھەدىس تۇتۇلىدۇ، ئۇيغۇنلىشىدىغان بولسا، راينىڭ تەقەززاسى بويىچە ئەمەل قىلىنىدۇ».
بۇ يەردە شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈۋېلىشىمىزنى خاھلايمەنكى، ھەدىسنىڭ روبىروسىدا راينى تۇتىدىغان كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە راينى تۇتقان ھالەتتە «ھەدىسنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە مەنسۇپلۇقى سەھىھ ئەمەس» دەپ قارىلىدۇ. بەلكى ئۇلار بۇ مەنسۇپلۇقنى ئىنكار قىلىدۇ ۋە رىۋايەت قىلىنغان خەبەرنى «مەتنەن شاز» دەپ ھېسابلايدۇ. چۈنكى، ھەدىس شەرىئەتنىڭ ئومۇمىي مەقسەتلىرى ۋە خاس نەسلىرىدىن ئېلىنغان تۇراقلىق مۇقىم قائىدىلەرگە خىلاپ كەلگەن. بىز ھېچبىر شەكىلدە ئۇلارنىڭ ھەدىسنىڭ پەيغەمبەرگە مەنسۇپلۇقىنى تەستىقلىغان ھالدا، ئۆزلىرىنىڭ ئىسلام ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنى پەيغەمبەرگە مەنسۇپلۇقى سەھىھ بولغان بىر سۆزگە ئىلگىرى سۈرىدۇ دەپ پەرەز قىلىشىمىز توغرا ئەمەس. بۇنداق پەرەز قىلىش بۇ كۈنلەردە پەيدا بولغان ھالاكەتلىك بىر قەۋمنىڭ گېپىدۇر. ئۇنداقلار ئىلگىرىمۇ ھاۋايى – ھەۋەس ۋە بىدئەت ئەھلىلىرى ۋە ئازغۇنلار ئىچىدە پەيدا بولغان. ئۇنداق ئىشنىڭ فىقھنى مەيدانغا كەلتۈرگەن ۋە فىقھ يولىدا خىزمەت قىلغان بۈيۈك ئىسلام ئىماملىرىدىن سادىر بولۇشى مۇھالدۇر.
ئىجماﺋ ھەققىدىكى ئىختىلاپ
[49] بۇ يەردە ھېچبىر مۇسۇلمان ئىنكار قىلالمايدىغان بىر ئىجماﺋ بار. ئۇ بولسىمۇ ئىسلام ئاساسلىرى ھەققىدىكى ئىجمائدۇر، مەسىلەن نامازنىڭ رەكئەتلىرىنىڭ سانى، ئەركانلىرى، پەرزلەرنىڭ سانى، رامازان روزىسى، پەرز زاكات ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئىسلامنىڭ رامكىسى سانىلىدىغان، ئۇنىڭغا ئىشەنمىگەن كىشى ئىسلامدىن چىقىدىغان مۇقەررەر ئىشلار. بۇ ئىشلارنى ئالىملار «دىندىن ئوپئوچۇق بىلىنگەن ئىشلار» دەپ ئىپادىلەيدۇ، ئۇنى تۇتمىغان ئادەم مۇسۇلمان سانالمايدۇ.ئىجماﺋ قىلىنغان بۇ ئىشلار نۇرغۇن نەسلەر ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۆزلىرى بىلەن ئىسپاتلانغان ھەمدە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۇ ئىشلارنى ئۆزى قىلغانلىقى ۋە ئۇ ئىشلارنى ئىسپاتلايدىغان سۆزلىرى ئۇ زاتتىن مۇتەۋاتىر رىۋايەت قىلىنغان. ئۇ ئىشلارنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن نۇرغۇن قۇرئانىي نەسلەر كەلگەن. ئۇ ھەقتىكى ئىجماﺋ سەنەد ۋە دالالەت جەھەتتە نەسلەرنىڭ ئەڭ كۈچلۈكىگە تايانغان. شۇڭا، بۇ خىل ئىجماﺋ ئۇنىڭغا مۇخالىپ ئەھكام ئىسپاتلايدىغان جۇزئىي نەسلەرنىڭ ئالدىغا ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ خىل ئىجمائغا مۇخالىپ ئەھكام ئىسپاتلايدىغان جۇزئىي نەسلەرنىڭ بولۇشى پەرەزىي بىر ئىشتۇر، ئۇنىڭ رېئاللىقى يوقتۇر. ئالىملار ئىچىدىكى بارلىق مۇھەققىقلەر ئېيتقانكى: «ئالىملار بۇ خىل ئىجماﺋ بىلەن سابىت بولغان بۇ مۇقەررەراتلارنى ئىجتىھاد ئوبيېكتى قىلماسلىقى لازىم. چۈنكى، ئۇ تەتقىق قىلىش ۋە ئىزدىنىشكە ئېھتىياجلىق ئىشلاردىن ئەمەس». ئىمام شافىئىي بۇ توغرۇلۇق ئېيتقانكى: «بۇ ئىشلار توغرىسىدىكى ئىلىم ئاۋاممۇ بىلىدىغان ئىلىمدۇر، يەنى بۇ ھەربىر مۇسۇلمان بىلمىسە بولمايدىغان ئىلىمدۇر». ئۇنىڭ بۇنداق دېيىشىنىڭ سەۋەبى، چۈنكى ئۇ (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!) ئىلىمنى ئىككى قىسىمغا بۆلىدۇ: بىرى، ھەربىر مۇسۇلمان بىلمىسە بولمايدىغان ئىلىم. بۇ مۇشۇ تۈرلۈك ئىلىمدۇر. يەنە بىرى، خاۋاسنىڭ ئىلمى. ئۇ ئىجتىھاد ئوبيېكتى بولىدىغان، مۇسۇلمانلارنىڭ ئاۋاملىرى بىلمىسىمۇ بولىدىغان، (ھاجەت چۈشكەندە) ئاۋام خاۋاستىن سوراپ بىلىۋالسا بولىدىغان مەسىلىلەرنىڭ ئىلمىدۇر.
ھەقىقەتلەرنى ئىنچىكە تەكشۈرۈپ كۆرمەيدىغان بەزى كىشىلەر «بۇ خىل ئىجمائنى نەسلەرنىڭ ئالدىغا ئۆتكۈزۈش ھەرقانداق ئىجمائنى نەسنىڭ ئالدىغا ئۆتكۈزۈشنى ئىپادىلەيدۇ» دەپ چۈشەنگەن. بۇ چۈشەنچىدىكى خاتالىقتۇر، لېكىن بۇ خىل چۈشەنچە تارقىلىپ، ھەتتا بەزى غەيرى مۇسۇلمان يازغۇچىلار: «ئىجماﺋ ئىسلامىي ئەھكاملارنى ئۆزگىرىشچان قىلىدۇ ۋە مۇسۇلمانلار جامائىتىنىڭ ئىسلامىي ئەھكاملىرىنى خاھلىغاندا ئۆزگەرتىشىنى قولايلاشتۇرىدۇ، لېكىن ئۇلار ئۇنداق قىلمىدى. بۇ، ئىسلامىي مەنىلەرنى چۈشىنىشتە ناھايىتى غەلىتە بىر ئىشتۇر» دەپ ئۈلگۈردى. بىز بۇ يەردە باشتىكى گېپىمىزنى تەكرارلايمىز: مەزكۇر ئىجماﺋ جۇزئىي نەسلەرنىڭ ئالدىغا ئۆتكۈزۈلسە، بۇ ئۆزىگە ۋە مەنىلىرىگە ئىجماﺋ قىلىنغان نەسلەرنى ئۇنىڭدىن تۆۋەن نەسلەرنىڭ ئالدىغا ئۆتكۈزگەنلىكتۇر. بىز دېدۇقكى، بۇ پەرەزنىڭ رېئال ھەقىقەتتە مەۋجۇدلۇقى يوقتۇر. لېكىن، ئۇ ئەقىلدە مۆلچەرلىنىدىغان، ئەمەلدە تېپىلمايدىغان سۈرەتلەردۇر.
[50] دىندىن ئوپئوچۇق بىلىنگەن بۇ مۇقەررەراتلاردىن باشقىسىدىكى ئىجمائلاردا ئالىملار ئىختىلاپلاشقان ۋە مەزھەبلەرنىڭ مېتود جەھەتتىن بىر – بىرىگە يېقىن ياكى يىراق بولۇشىغا بېقىپ، شۇ ئىجماﺋ مەسىلىلىرىدە ئىختىلاپ كۆپ ياكى ئاز بولغان.خاۋارىجلار، شىئەلەر ۋە بەزى مۇئتەزىلەلەرنى چىقىرىۋەتكىنىمىزدە، كۆپچىلىك فۇقەھائ ساھابەلەرنىڭ ئىجمائسىنىڭ تۇتۇش ۋاجىب بولغان ھۆججەت ئىكەنلىكىگە ئىتتىپاقلاشقان. ساھابەلەر ئىجمائسى رېئاللىقتا بولغان. «رېئاللىقتا بولغان بولۇشى مۇمكىن ئەمەس» دەيدىغانغا دەلىل يوق. دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، بۇنىڭغا شىئە ۋە خاۋارىجلار قارشى بولغان. تۆت ئىمام ۋە زەيدىيلەر بۇ ئىجمائنىڭ بولغانلىقىغا ئىتتىپاقلاشقان.
مۇئتەزىلەلەردىن نەززامنىڭ قارىشىچە، بىز يۇقىرىدا سۆزلىگەن مۇقەررەراتلاردىن باشقا ئىشلاردا ئىجمائنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى، ئىجماﺋ دېمەك مۇجتەھىدلەرنىڭ ئىجمائسى دېگەنلىكتۇر، ئىجتىھادنىڭ مەنىسىگە ئىتتىپاقلىشىش مۇمكىن بولمايدۇ – يۇ، بىپايان ئىسلام رايونلىرىدىكى ھەممە ئالىملارنىڭ بىر رايغا كېلىشى مۇمكىن ئەمەس.
ئۇنىڭ سۆزىگە مۇنداق رەددىيە بېرىلگەن: «ساھابەلەرنىڭ دەۋرىدە شۇ شەكىلدە ئىجماﺋ سادىر بولغان. سادىر بولغانلىقىنى ئىنكار قىلىشنىڭ ھېچ ئورنى يوقتۇر. سادىر بولغانلىقى ئىسپاتلانغان ئىكەن، مۇمكىنلىقى ئەمەلىيلەشكەن بولىدۇ».
ساھابەلەرنىڭ ئىجمائسى ئەمەلگە ئاشقان ۋە ئىسپاتلانغان بولسا، كۆپچىلىك فۇقەھائ ساھابەلەردىن كېيىنكى كىشىلەرنىڭ ئىجمائسى ھەققىدە ئىختىلاپلاشتى. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئىمام ئەھمەد يۇقىرىقىدىن باشقىدا ئىجمائنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئىنكار قىلغان. ئۇ شاگىرتلىرىغا: «ئالىملار ئىجماﺋ قىلغان» دېيىشنىڭ ئورنىغا «بۇ مەسىلىدە ئىختىلاپ بارلىقىنى بىلمەيمىز دەڭلار» دەپ نەسىھەت قىلاتتى. بۇ گۈزەلچە ئېھتىياتتۇر.
شافىئىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ساھابەلەر دەۋرىدىن كېيىن ئىجمائنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئىنكار قىلمايتتى، لېكىن بىر ئادەم ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرىلىشىپ، ئىجمائنى ھۆججەت قىلسا، ئۇ مۇنازىرىلەشكەن ھادىسىدە ئىجمائنى ئىنكار قىلاتتى. بۇ، ئەمەلىيەتتە مۇئەييەن بىر ھادىسىدە ئىجمائنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئىنكار قىلىشتۇر، ئىجمائنىڭ يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكىنى ئىنكار قىلغانلىق ئەمەس.
ئىمام شافىئىي ۋە ئىمام ئەھمەدتىن باشقىلار كۆپ مەسىلىلەردە — گەرچە ئۇ مەسىلىلەردە ئىجمانىڭ ئىشقا ئاشقانلىقىغا قوشۇلمايدىغانلار بار بولسىمۇ — ئىجماﺋ بارلىقىنى دەۋا قىلغان.
[51] ئاندىن بۇ يەردە نەچچە تۈرلۈك ئىتتىپاقلىشىشلار بار بولۇپ، ئۇنىڭ «خىلاپلىق قىلسا جائىز بولمايدىغان ھۆججەت سۈپىتىدىكى ئىجماﺋ» دەپ سانىلىشىدا ئىختىلاپ قىلىنغان. شۇ جۈملىدىن تۆۋەندىكىلەر:1. ئىجماﺋ سۇكۇتىي. ئۇ دېگىنىمىز مۇجتەھىدلەر ئارىسىدا مەلۇم بىر ئىشتا بىر قاراش ئېلان قىلىنىدۇ، ئۇ قاراش ئېلان قىلىنىپ، ئويلىنىش، تەكشۈرۈش ۋە تەتقىق قىلىشقا يەتكۈدەك بىر مۇددەت ئۆتكەندىن كېيىن ھەممىسى سۈكۈت قىلىدۇ. مانا بۇ ئىجماﺋ دەپ سانىلامدۇ؟ مەزھەب پېشۋالىرى بۇ ھەقتە ئوخشىمىغان قاراشلاردا بولغان: بەزىلىرى ئۇنى قەتئىي ھۆكۈمنى ئىسپاتلايدىغان ئىجماﺋ دەپ سانىغان. بەزىلىرى قەتئىي ئەمەس، زەننىي ھۆكۈمنى ئىسپاتلايدىغان ئىجماﺋ دەپ قارىغان. يەنە بەزىلىرى: دەلىل دەپ سانىلىدۇ، لېكىن ئىجماﺋ قاتارىدىن سانالمايدۇ، دېگەن. يەنە بەزىلىرى ئۇنى ئېتىبارغا ئالماي، ئۇ تايانغان دەلىلگە قارىغان، خۇددى ھەرقانداق بىر ھۆكۈمدە دەلىلگە قارىغاندەك.
2. ئالىملار مەلۇم بىر دەۋردە مەلۇم بىر ھۆكۈمدە، مەسىلەن ئىككى ياكى ئۈچ خىل قاراشقا بۆلۈنگەن بولسا، ئەنە شۇ «بۇ ئىككى قاراشقا ئىجماﺋ قىلغانلىق» دەپ سانىلامدۇ ۋە شۇنىڭدىن كېيىن كەلگەنلەرنىڭ ئۈچىنچى بىر قاراشنى پەيدا قىلىشى دۇرۇس بولمامدۇ؟ ياكى بۇ ئىجماﺋ سانالمامدۇ؟ ئالىملار بۇ ھەقتە مۇنداق ئىختىلاپلاشقان:
(ئا) ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۇنىڭ ئىجماﺋ بولۇشىنى ئىنكار قىلغان. چۈنكى، بۇ يەردە مۇجتەھىدلەرنى بىرلەشتۈرگەن بىر قاراش يوق، پەقەتلا خىلمۇخىل قاراشلار بار.
(ب) بەزىلىرى ئېيتقانكى: ئۇ ئىجمائدۇر. چۈنكى، ئۇلارنىڭ قاراشلىرىدىن باشقا بىر قاراشنى پەيدا قىلىش ئۇلارغا ۋە ئۇلارنىڭ بىرلىكىگە قارشى چىققانلىق بولىدۇ.
(س) يەنە بەزىلىرى ئېيتقانكى: ئالىملار قاراشتا پەرقلىق بولغان، لېكىن ئومۇمىي قاراشتا پەرقلىق بولسىمۇ، مۇئەييەن بىر پارچىدا ئىجمائغا كەلگەن. مەسىلەن، ئۇلار ئاتا – ئانىسى بىر قېرىنداشلار ياكى ئاتا بىر قېرىنداشلار بار ھالەتتە بوۋىنىڭ مىراسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئىختىلاپلاشقان. ئەبۇبەكرى سىددىق بوۋىنى ئاتىدەك مىراسخور قىلغان ۋە ئاتا – ئانىسى بىر ياكى ئاتا بىر قېرىنداشلارنى مىراستىن مەھرۇم قىلغان. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بوۋىنى قېرىنداشلار بىلەن بىرگە مىراسخور قىلغان ۋە بوۋىنى ئۇلار ئارىسىدىكى بىر قېرىنداشتەك ئېتىبارغا ئالغان ھەم بوۋىنىڭ ئۈلۈشىنىڭ ئالتىدىن بىردىن كەم بولماسلىقىنى شەرت قىلغان. زەيد ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بوۋىنى قېرىنداشلار بىلەن بىرگە مىراسخور قىلغان ۋە ئۇنىڭ ئۈلۈشىنىڭ ئۈچتىن بىردىن كەم بولماسلىقىنى شەرت قىلغان. بۇلارنى ئىلگىرى بىر دەپ ئۆتكەن ئىدۇق. دېمەك، قاراشلار بوۋاينى مىراسخور قىلىشقا بىرلەشكەن، لېكىن مىراسخورلۇقنىڭ مىقدارى جەھەتتە پەرقلىق بولغان. شۇڭلاشقا، شۇنىڭدىن كېيىن بىرەر فەقىھنىڭ بوۋىنى مىراسخورلۇقتىن مەنئى قىلىشى دۇرۇس بولمايدۇ. چۈنكى، ئۇ (بۇ ھالەتتە) ئىجمائغا خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ ۋە ئۇنىڭ گېپىگە قۇلاق سېلىنمايدۇ.
3. بىر قاراشقا مۇجتەھىدلەرنىڭ كۆپرەكى قوشۇلۇپ، ئازراقى قارشى چىقسا، بۇ ئىجماﺋ ھېسابلىنامدۇ؟
(ئا) بەزى ئالىملار: «ئىجماﺋ ھېسابلانمايدۇ. چۈنكى، ئىجمائنىڭ مەنىسى بارلىق مۇجتەھىدلەرنىڭ مەلۇم بىر ھۆكۈمگە ئىتتىپاقلىشىشىدۇر، قارشى چىققۇچى بولۇپ قالسا، ھەرگىز ئىجماﺋ بولمايدۇ» دېگەن.
(ب) بەزى ئالىملار: «بىر – ئىككى ئادەمنىڭ قارشى چىقىشى ئىجمائنى بۇزالمايدۇ» دېگەن. بۇنداق دېگەنلەر بەزى زەيدىيلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھۆججىتى شۇكى، قارشى چىققۇچى چوقۇم بولىدۇ، ئۇنى مۇتلەق توسۇش مۇمكىن ئەمەس، شۇڭا ئىجمائنى بىر – ئىككى قارشى چىققۇچى بۇزالمايدۇ.
(س) بەزى ئالىملار ئېيتقانكى: «ئەگەر قارشى چىققۇچىنىڭ كۆزقارىشى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن كەلگەن ھەدىسلەرگە زىت، يوچۇن قاراش بولسا، ئىجمائنى بۇزالمايدۇ. مەسىلەن، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ نىكاھى مۇتئە(7)دىكى قارشى چىقىشىغا ئوخشاش. ئۆز ۋاقتىدا ئۇ مۇتئە نىكاھىنى «مۇباھ» دېگەن(8). ساھابەلەر بۇنى ئىنكار قىلغان. ئۇنىڭ قارشىلىقى «ئىجمائنى بۇزدى» دەپ قارالمايدۇ. ئۇنىڭ يەنە سودا – سېتىق جازانىسى ھەققىدە ساھابەلەرگە قارشى يول تۇتۇشىمۇ يۇقىرىقىدەكتۇر. ئۇ بۇغداينى بۇغدايغا نېسىگە ئارتۇق – كەم قىلىپ سېتىشنى جائىز سانىغان. بۇ نەسلەرگە خىلاپتۇر. ئەمما، قارشىلىق بىرەر شاز(9) قاراشقىمۇ تايانمىغان ۋە نەسلەر بىلەنمۇ توقۇنۇشمايدىغان بولسا، ئىجمائنى بۇزىدۇ، مەسىلەن يەنە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ مىراستا مەخرەجنى ئاۋۇتۇش ھەققىدىكى قارىشىغا ئوخشاش. چۈنكى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ فەرزلەرنىڭ مېيىتنىڭ قالدۇرغان مېلىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، فەرزلەرنى ئاۋۇتقان. مەسىلەن، ئەگەر ۋارىسلار مېيىتنىڭ ئېرى، ئاتا – ئانا بىر ھەمشىرىسى ۋە ئانىسى بولۇپ قالسا، ئانا ئۈچتىن بىرگە، ئەر يېرىمغا، ھەمشىرە يېرىمغا ھەقلىق بولىدۇ. بۇ چاغدا مەخرەج پۈتۈن بىردىن ئېشىپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۆمەر مالنى ئالتە ئۈلۈشكە تەقسىملەشنىڭ ئورنىغا سەككىز ئۈلۈشكە تەقسىملىنىدىغان قىلغان ۋە مەخرەجنى ئالتىدىن سەككىزگە ئاۋۇتقان. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن باشقا جىمى ئالىملار بۇنى ئېتىراپ قىلغان. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «مەخرەج ئاۋۇتۇلمايدۇ، بەلكى ئەركەك ئاسىب تۇغقاننىڭ بولۇشى بىلەن نېسىۋىسى كېمىيىدىغان كىشىنىڭ نېسىۋىسى كېمەيتىلىدۇ» دېگەن. مەسىلەن، ئەگەر ھەمشىرە بىلەن بىر قېرىنداش بار بولۇپ قالسا، ھەمشىرىنىڭ نېسىۋىسى كېمەيتىلىپ، ھەمشىرە ئالتىدىن بىرنى ئالاتتى. شۇڭا، (بۇ مەسىلىدە) بىر قېرىنداش بار دەپ پەرەز قىلىنىپ، ھەمشىرىگە ئالتىدىن بىر بېرىلىدۇ.
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئېيتقان بۇ قاراش ئىجمائنى بۇزىدۇ. ئۇ ھەقتە زۇھرىي ئېيتقانكى: «ئەگەر ئادىل بىر ئىمامنىڭ سۆزىگە ئەمەل قىلىش ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ قارىشىنىڭ ئالدىدا تۇرىدىغان بولمىسا ئىدى، كىشىلەر ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ قارىشىدىن باشقا بىرىنىڭ قارىشىغا يۆتكەلمەس ئىدى».
4. ئۇلار ئىختىلاپلاشقان ئىجمائنىڭ ئۆرنەكلىرىدىن بىرى: دەلىلگە ئىجماﺋ قىلىش. ئالىملار بىر ھۆكۈمدىكى دەلىلنىڭ مۇئەييەن بىر قۇرئانىي نەس ياكى مۇئەييەن بىر نەبەۋىي ھەدىس ئىكەنلىكىگە ئىجماﺋ قىلسا، ئۇنىڭدىن باشقىنى دەلىل قىلىش دۇرۇس بولامدۇ ياكى دۇرۇس بولمامدۇ؟ ئاز بىر قىسىملار: «دەلىلگە قىلىنغان ئىجماﺋ ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ» دېگەن. لېكىن، ئالىملارنىڭ نەزەرىدە بۇ ئاقماس گەپ بولۇپ، تايانغىلى بولمايدۇ.
[52] فۇقەھائ ئىجمائنىڭ كىملەر تەرىپىدىن شەكىللىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئىختىلاپلاشقان. بۇ يەردە مەزھەبلەر بۆلۈنۈپ چىقىدۇ. كۆپچىلىك فۇقەھائ ئىجمائنى راي ياكى قىياس ئىنكارچىلىرىنىڭ بۇزالمايدىغانلىقى، شۇنىڭدەك يەنە ئۇنى شىئەلەرنىڭ قارشىلىقىمۇ بۇزالمايدىغانلىقى، چۈنكى ئۇلارنى بىدئەت ئەھلىدىن سانايدىغانلىقلىرى، بىدئەت ئەھلىنىڭ قارشىلىقىنىڭ ئىجمائنى بۇزالمايدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئىجمائنى شەكىللەندۈرىدىغان ئۇنسۇرلار قاتارىغا كىرمەيدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.ئىمامىيلار ئۆزلىرىنىڭ مۇجتەھىدلىرىنىڭ ئىجمائسىدىن باشقىنى ئىجماﺋ دەپ سانىمايدۇ ۋە ساھابەلەرنىڭ ئىجمائسىغىمۇ ياكى ئۆزلىرىگە مۇخالىپ بولغانلارنىڭ ئىجمائسىغىمۇ قارىمايدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نەزەرىدە ئىجمائنىڭ ھۆججەت ئىكەنلىكى، چۈنكى ئۇنىڭ ئۆزلىرىنىڭ غايىب بولغان ئىمامىنىڭ رايىنى ئېچىپ بېرىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، ئۇلارنىڭ مەزھەبىدىكى مۇجتەھىدلەرنىڭ بىر ھۆكۈمگە ئىجماﺋ قىلىشى شۇ ھۆكۈمنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. چۈنكى، ئەگەر باتىل بولسا ئىدى، غايىب بولغان ئىمام سۈكۈت قىلماي چوقۇم ئوتتۇرىغا چىقىپ، ھەقنى جاكارلىغان بولاتتى.
(يەنە ئۇلارنىڭ نەزەرىدە) ئەگەر مۇجتەھىدلەرنىڭ بەزىسى بىر قاراشنى ئېلان قىلسا، باشقىلىرى بۇنىڭغا سۈكۈت قىلسا، مەزكۇر قاراش چوقۇملا توغرا بولىدۇ. توغرا بولمىسا ئىدى، ئىمام ئوتتۇرىغا چىققان ۋە ئەگىشىشكە تېگىشلىك توغرا قاراشنى جاكارلىغان بولاتتى. ئۇلارنىڭ ئالىملىرى بىر ھۆكۈمدە ئىككى خىل قاراشتا بولۇپ قالسا، يۇقىرىقىدەك چوقۇملا ئىككىسىنىڭ بىرى توغرا بولىدۇ. ئۇنداق بولمىسا ئىدى، ئىمام ئوتتۇرىغا چىققان ۋە توغرىنى جاكارلىغان بولاتتى. ئومۇمەن، ئۇلارنىڭ نەزەرىدە مۇشۇ تۈرلۈك ئىجمائلار ئىمامنىڭ مەسىلىدىكى قارىشىنى ئېچىپ بېرىدۇ ۋە ئىمامنىڭ قارىشى ئەگىشىش ۋاجىب بولغان سۈننەتتۇر.
[53] ئىجمائغا نىسبەتەن مۇشۇنداق كەڭ دائىرىلىك ئىختىلاپلار بولۇش بىلەن بىرگە، ئىجماﺋ ھەققىدە بىر پىكىردە ئىتتىپاقلاشقانلارنىڭ بەزى مەسىلىلەردە ئىجمائنىڭ ئەمەلىيلەشكەنلىكى ياكى ئەمەلىيلەشمىگەنلىكى توغرىسىدا ئىختىلاپلاشقانلىقىنى كۆرىمىز. ھەنەفىيلەر بەزى ھۆكۈملەردە ئىجمائنى دەۋا قىلسا، شافىئىيلارنىڭ ئۇ ھۆكۈملەردە ئىجمائنىڭ ئەمەلىيلەشكەنلىكى ھەققىدە ئۇلارغا قوشۇلمايدىغانلىقىنى كۆرىمىز. مەسىلەن، ئەۋزائىي غەنىيمەت ئۈلۈشلىرى ھەققىدىكى بەزى مەسىلىلەردە ئىجمائنى دەۋا قىلىدۇ، ئەبۇ ھەنىفەنىڭ شاگىرتلىرىدىن ئەبۇ يۈسۈف قوشۇلماي، بۇ مەسىلىدە ئىجماﺋ يوقلۇقىنى بايان قىلىپ، ئۇنىڭغا رەددىيە بېرىدۇ.مەزھەبىي ئىختىلاپلارغا ئىجماﺋ ئىشىكىنىڭ مۇشۇنداق كەڭرى ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز، بۇ ھەقتىكى ئىختىلاپنىڭ زەرەرى يوق. چۈنكى، ئۇ دىننىڭ جەۋھىرىگە تەگمەيدىغان ۋە دىندىكى مۇقەررەر بىرەر ئىشقىمۇ تەگمەيدىغان مەلۇم ئىشلاردىكى ئىختىلاپتۇر.
ئەھلى مەدىنەنىڭ ئىجمائسى
[54] ئىمام مالىك «ئەھلى مەدىنەنىڭ ئىجمائسى پۈتۈن شەھەرلەرگە لازىم كېلىدۇ» دېگەن سۆزى بىلەن فۇقەھائ ئارىسىدا ئايرىم يول تۇتقان. ئۇ بۇنى لەيس ئىبنى سەئدكە ئەۋەتكەن خېتىدە ئوچۇق ئېيتقان. بۇ جەھەتتە كۆپچىلىك فۇقەھائ ئۇنىڭغا قارشى بولغان ۋە ئۇ بۇ پىكىردە ئايرىم قالغان. ئىمام شافىئىي دەسلەپتە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن، ئاندىن ئۇنىڭدىن چەتنەپ، ئۇنىڭغا قارشى يول تۇتقان ۋە «ئەلئۇم (الأُمُّ)»نىڭ «ئىختىلافۇ مالىك (اِخْتِلَافُ مَالِك)» بۆلۈمىدە ئۇنىڭغا رەددىيە بەرگەن.بەزى ئالىملار: «ئىمام مالىك مەدىنە ئەھلىنىڭ ئەمەلىنى ئۆزىنىڭ نەزەرىدە ھۆججەت دەپ قارايتتى، لېكىن بۇ پىكرىنى باشقا شەھەرلەرگە تاڭمىغان» دېگەن. بۇ ھەقتە ئىمام ئىبنۇلقەييىم ئېيتقانكى:
«ئىمام مالىك شۇنى ئىرادە قىلىپ بولۇپ، ئۆزى ھارۇن رەشىدنى بۇنىڭدىن توسقان (يەنى كىشىلەرنى مەدىنە ئەھلىنىڭ ئەمەلىدىن ئېلىنغان مەزھەبىگە ئەمەل قىلىشقا زورلاشتىن توسقان) ۋە: ‹رەسۇلۇللاھنىڭ ساھابەلىرى شەھەرلەرگە چېچىلىپ كەتتى، ئۇلاردىن ھەربىر تائىپىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىلمى بار بولدى› دېگەن. بۇ گەپ مەدىنە ئەھلىنىڭ ئەمەلىنىڭ ئۇنىڭ نەزەرىدە ھەممە ئۈممەتكە تېڭىلىدىغان ھۆججەت ئەمەسلىكىنى، بەلكى بۇ ئۇنىڭ تاللىشى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ زىنھار مۇۋەتتا كىتابىدا ۋە باشقىسىدا: ‹مەدىنە ئەھلىنىڭ ئەمەلىدىن باشقىغا ئەمەل قىلىش جائىز بولمايدۇ› دېمىگەن، بەلكى ئۇ پەقەتلا بۇنىڭ مەدىنە ئەھلىنىڭ ئەمەلى ئىكەنلىكىدىن خەبەر بەرگەن. ئۇ ھەقىقەتەن (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن ۋە ئىسلام خىزمىتى ئۈچۈن ياخشىلىق بىلەن مۇكاپاتلىسۇن!) 40 نەچچە مەسىلىدە مەدىنە ئەھلىنىڭ ئىجمائسىنى دەۋا قىلغان. بۇ 40 نەچچە مەسىلە مۇنداق ئۈچ تۈرلۈكتۇر:
بىرىنچىسى: مەدىنە ئەھلىگە باشقىلارنىڭ قارشى يول تۇتقانلىقى بىلىنمىگەن مەسىلىلەر؛
ئىككىنچىسى: مەدىنە ئەھلى باشقىلارغا قارشى يول تۇتقان مەسىلىلەر، گەرچە ئۇلارنىڭ ئۇ ھەقتە ئۆزئارا ئىختىلاپى بارلىقى بىلىنمىگەن بولسىمۇ؛
ئۈچىنچىسى: مەدىنە ئەھلىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئارىسىدا ئىختىلاپ بار مەسىلىلەر.
ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن، ئۇ پەرھىزكارلىقىدىن ‹بۇ خىلاپلىق قىلىش ھالال بولمايدىغان ئۈممەتنىڭ ئىجمائسىدۇر› دېگەن ئەمەس»(10).
ئەمەلىيەتتە، ئىمام مالىك مەدىنە ئەھلىنىڭ ئىجمائسىنىڭ ئۇلاردىن باشقىلارنىڭ ئۈستىگە ھۆججەت بولىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. ئىمام شافىئىي «ئەلئۇم (الأُمُّ)»نىڭ «ئىختىلافۇ مالىك (اِخْتِلَافُ مَالِك)» ۋە «ئەلئۇم (الأُمُّ)»نىڭ «جىمائۇل ئىلىم (جِمَاعِ الْعِلْمِ)» بۆلۈملىرىدە بۇ ئىشنى مۇھاكىمە قىلغان. ئۇنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىچە، ئۇ ئۆزى قىلغان يىغما خۇلاسە ئارقىلىق مەدىنە ئەھلى ئىجماﺋ قىلسا، جىمى شەھەر ئالىملىرىنىڭ ئۇلارنىڭ ئىجمائسىغا مۇۋاپىق كېلىدىغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئومۇمىي بىر ئىجماﺋ بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. شافىئىي رەزىيەللاھۇ ئىپادىلىگەندەك، بۇ ئەھۋال ئەسلىي پەرزلەردە شۇنداق.
شۇڭلاشقا، ئىمام شافىئىي ئىمام ئىبنۇلقەييىم دېگەن ئىككىنچى پەرەزنى تىلغا ئالمىغان. ئىككىنچى پەرەز بولسىمۇ مەدىنە ئەھلىنىڭ بىر ئىشقا ئىجماﺋ قىلىشى ۋە باشقا شەھەرلەرنىڭ فۇقەھائلىرىنىڭ ئۇ ئىشتا ئۇلارغا ئوخشىمايدىغان قاراشتا بولۇشىدۇر. ئەمما، مەدىنە ئەھلى بىرەر ئىشتا ئۆزئارا ئىختىلاپلىشىپ قالسا، ھەرقانداق ھالەتتە ئۇلارنىڭ ئەمەلى ھۆججەت بولالمايدىغانلىقىدا ھەممەيلەن بىردەكتۇر.
مالىكىيلارنىڭ كىتابىدا تىلغا ئېلىنغىنى شۇكى، مەدىنە ئەھلىنىڭ ئەمەلى ئەگەر ئۇنىڭ ئاساسى راي ئەمەس، نەقىل بولسا، ئىمام مالىكنىڭ نەزەرىدە ھۆججەت بولىدۇ. ئىمام مالىكتىن ئۇنىڭ مۇتلەق ھۆججەت بولىدىغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان.
ئىمام شافىئىي فىقھىي ھاياتىنىڭ دەسلىپىدە بۇ جەھەتتە ئىمام مالىكنىڭ قارىشىدا ئىدى. بەيھەقىي ئۇنىڭدىن رىۋايەت قىلىشىچە، ئۇ ئۆزى بىلەن مۇنازىرىلەشكەن بىرىگە ئېيتقانكى: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن ساڭا بىر نەسىھەت قىلاي، ئەگەر سەن مەدىنە ئەھلىنى بىر ئىش ئۈستىدە تاپساڭ، ئۇنىڭ ھەق ئىكەنلىكىدە قەلبىڭگە ھېچ شەك كىرمىسۇن، ساڭا بىرنەرسە كەلسە ۋە (كۆرۈنۈشتە) ناھايىتى كۈچلۈك بولسا، لېكىن سەن ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاجىزراق بولسىمۇ بىر ئاساسىنى تاپالمىساڭ، ئۇنىڭغا پەرۋا قىلما ۋە قارىما».
بۇ گەپ ئىمام شافىئىينىڭ ئۆزىنىڭ فىقھىي ئىجتىھادى باسقۇچلىرىدىن بىرىدە مەدىنە ئەھلىنىڭ ئەمەلىنى ھۆججەت دەپ قارايدىغانلىقى ياكى ئۇلارنىڭ ئەمەلىگە مەلۇم چەكتە ھۆرمەت بىلدۈرگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن، ئۇنىڭ كونا كىتابى ۋە يېڭى كىتابىدا ئۆزى بېرىپ توختىغان قاراش شۇكى، مەدىنە ئەھلىنىڭ ئەمەلى ھەدىس ئاھادنىڭ مەرتىۋىسىگە يەتمەيدىغانلىقىدۇر.
جىمى شەھەرلەرنىڭ فۇقەھائلىرى ئىمام مالىكنىڭ تۇتقان يولىغا قوشۇلمايدۇ، لېكىن ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ ئەبۇ يۈسۈف ۋە مۇھەممەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادەك بەزى شاگىرتلىرى مەدىنەدىكى ساھابەلەرنىڭ ئىزنالىرىدىن ئايان بولغان بەزى ئىشلارنى تۇتقا قىلغان. مەسىلەن، ئۇلار «كىشى مەلۇم نەرسىنى ۋەقف قىلغاندىن كېيىن ۋەقفىسىدىن يانالمايدۇ (نەرسە ۋەقف قىلغۇچىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىن چىقىپ كېتىدۇ)» دەپ قارىغان. ھالبۇكى ئۇلارنىڭ شەيخى ئەبۇ ھەنىفە ئۇنىڭغا ئۇنىمايتتى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ زامانىدا ساقلىنىپ قالغان ساھابەلەرنىڭ ۋەقفلىرىنى كۆرگەن ۋە ئىمام مالىك ئۇلارنىڭ نەزەرلىرىنى شۇنىڭغا ئاغدۇرغاندىن كېيىن، ئۆزلىرىنىڭ ئىمامىغا قارشى يول تۇتۇشنى قارار قىلغان.
ساھابە ۋە تابىئىننىڭ پەتۋاسى
[55] تۆت مەزھەبنىڭ پېشۋالىرى بولغان فۇقەھائ ساھابەلەرنىڭ پەتۋاسى ۋە سۆزلىرىنى تۇتۇشقا ئىتتىپاقلاشقان. يۇقىرىدا تابىئىننىڭ ئىلىم ئالغان ئۇستازلىرىغا ئەگىشىپ شۇ يولدا ماڭغانلىقىنى دېگەن ئىدۇق. تابىئىن ئىچىدە ئۆزلىرى تەلىم ئالمىغان بەزى ساھابەلەرنىڭ سۆزلىرىگە قارشى چىقىشنى مۇباھ سانايدىغان، لېكىن ئۆزلىرىنىڭ ئۇستازلىرى (بولغان ساھابەلەر) گە قارشى يول تۇتۇشنى قەتئىي مۇباھ سانىمايدىغانلار بار ئىدى.ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ساھابەلەرنىڭ پەتۋا ۋە سۆزلىرىنى تۇتىدىغانلىقىنى ئوچۇق ئېيتىپ: «ئەگەر ساھابەلەرنىڭ (بىرەر ئىشتا) بىرلا قارىشى بولسا، شۇنى تۇتىمەن، ئەگەر ئىختىلاپلاشقان بولسا، ئۇلارنىڭ قاراشلىرى ئىچىدىن (بىرىنى) تاللايمەن، ئەمما ئۇلارنىڭ قاراشلىرىنى تاشلاپ، ئۇلاردىن باشقىلارنىڭ قاراشلىرىغا چىقمايمەن» دېگەن.
مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «ساھابەلەر رەسۇلۇللاھنى كۆرگەن، ئاڭلىغان ۋە ئۇ زاتتىن ئىلىم ئالغانلار بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ سۆزى ئەگىشىشكە تېگىشلىك سۈننەتتۇر» دەپ ھېسابلايتتى. ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلمۇ شۇنداق قارايتتى. ھەتتا ئۇ ساھابەلەرنىڭ بىرەر سۆزىنى تاپالمىسا، تابىئىننىڭ سۆزىنىمۇ تۇتاتتى. ساھابەلەرنىڭ سۆزلىرىدىن (بىرىنى) تاللىمايتتى ۋە ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى سېلىشتۇرۇپ بىرنى تەرجىھ قىلمايتتى، بەلكى ئەگەر ئۇلار بىر ھۆكۈمدە ئىختىلاپلىشىپ قالغان بولسا، ئىختىلاپنى نەقىل قىلىپ قوياتتى ۋە ئۇلارنىڭ ئىختىلاپلىق سۆزلىرىنى ئۆزىنىڭ مەزھەبىدە بىرقانچە قاراش سۈپىتىدە ئېتىبارغا ئالاتتى. ئۇ «ساھابەلەرنىڭ سۆزلىرىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈشكە كۈچۈم يېتىدۇ» دەپ قارىمايتتى. چۈنكى، بۇ ئۇنىڭ ماقامىدىن ئۈستۈن ماقام ئىدى ۋە ئۆزىنىڭ دەرىجىسىدىن ھالقىپ كەتكەنلىك ئىدى.
ئىمام شافىئىيغا كەلسەك، بىز شافىئىيلارنىڭ ئۇسۇلۇلفىقھ يازغۇچىلىرىنىڭ: «ئىمام شافىئىي كونا مەزھەبىدە ساھابەنىڭ سۆزىنى تۇتاتتى، يېڭى مەزھەبىدە ساھابەنىڭ سۆزىنى ھۆججەت دەپ قارىمايتتى» دېگەنلىكىنى كۆرىمىز. شۇنداقتىمۇ، بىز رەﺑﯩﺌ ئىبنى سۇلايمان مۇرادىينىڭ رىۋايەت قىلىشىدىكى «ئەررىسالە (الرِّسَالَةُ)»گە مۇراجىئەت قىلدۇق. ئۇشبۇ رىسالە ئىمام شافىئىي مىسىردا يازغان ياكى ئىملا قىلغان(11) رىسالەدۇر. يەنى ئۇ يېڭى كىتابىدا ياكى ئۇلار ئىپادىلەيدىغاندەك يېڭى مەزھەبىدە شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇكى، ساھابەنىڭ رايى ھۆججەتتۇر، ئەگەر ساھابەلەرنىڭ بىرلا سۆزى بار بولسا، شۇنىڭغا ئەمەل قىلىنىدۇ، ئەگەر ساھابەلەرنىڭ بىرقانچە سۆزى بار بولۇپ قالسا، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن (بىرى) تاللىنىدۇ. «ئەلئۇم (الأُمُّ)»نىڭ «جىمائۇل ئىلىم (كِتَابُ جِمَاعِ الْعِلْمِ)» بۆلۈمىدىمۇ شۇنداق كەلگەن. ئۇ بۇ توغرۇلۇق ئېيتقانكى: «كىتاب ۋە سۈننەت بار ئىكەن، ئۇ ئىككىسىنى ئاڭلىغان كىشىنىڭ ئۇلارغا ئەگەشمەي ھېچ ئۆزرىسى يوقتۇر. ئەگەر (بىر مەسىلىدە) ئۇ ئىككىسى بولمىسا، رەسۇلۇللاھنىڭ ساھابەلىرىنىڭ سۆزىگە ياكى ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ سۆزىگە مۇراجىئەت قىلىمىز، ئاندىن (ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ سۆزىگە) مۇراجىئەت قىلىپ قالساق، ئەبۇبەكرى ياكى ئۆمەر، ياكى ئوسمانلاردەك خەلىفەلەرنىڭ سۆزى — ئۇنىڭدا تەقلىدكە بېرىپ قالساقمۇ — بىزگە ئەڭ سۆيۈملۈك بولدى. ئەلبەتتە، ئەگەر (ساھابەلەر ئارىسىدىكى) ئىختىلاپتا قايسى قاراشنىڭ كىتاب ۋە سۈننەتكە ئەڭ يېقىن ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان دالالەت تاپالمىساق، خەلىفەلەرنىڭ سۆزىگە ئەگىشىمىز. ئەگەر دالالەت تاپالاپ قالساق، شۇ دالالەت بار سۆزگە ئەگىشىمىز. خەلىفەلەرنىڭ سۆزلىرىگە مۇراجىئەت قىلىشىمىزنىڭ سەۋەبى، چۈنكى خەلىفەنىڭ سۆزى مەشھۇر بولۇپ، كىشىلەر ئۇنى چىڭ تۇتىدۇ. كىمنىڭ سۆزىنى كىشىلەر چىڭ تۇتسا، ئۇنىڭ سۆزى بىر ياكى بىرنەچچە كىشىنىڭ پەتۋاسىدىنمۇ مەشھۇرراق بولۇپ كېتىدۇ. ھالبۇكى مۇفتىينىڭ پەتۋاسى گاھى ئەمەل قىلىنىدۇ، گاھى تەرك ئېتىلىدۇ. كۆپىنچە مۇفتىيلار ئۆيلىرىدە ياكى مەجلىسلەردە خاس كىشىلەرگە پەتۋا بېرىدۇ. ئامما ئۇلارنىڭ دېگىنىگە خەلىفەنىڭ دېگىنىگە كۆڭۈل بۆلگەنچىلىك كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. خەلىفەلەرنى كۆردۇقكى، ئۇلار دەسلەپتە دېمەكچى بولغان مەسىلە ھەققىدە كىمنىڭ كىتاب ۋە سۈننەتتىن بىلىدىغىنى بارلىقىنى سورايدۇ. (بىرەرسى چىقمىغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ توغرا تاپقىنىنى) دەيدۇ، ئاندىن ئۇلارغا ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە قارشى بىر دەلىل خەبەر قىلىنىدۇ – دە، ئۇلار خەبەر بەرگۈچىدىن خەبەرنى قوبۇل قىلىدۇ، ھەر ھالەتتە تەقۋادار ۋە پەزىلەتلىك بولغانلىقلىرى ئۈچۈن، چوڭچىلىق قىلماستىن قاراشلىرىدىن يانىدۇ. ئەگەر خەلىفەلەردىن (بىرەر قاراش) تېپىلمىسا، رەسۇلۇللاھنىڭ ساھابەلىرى ئىشەنچلىكتۇر، ئۇلارنىڭ سۆزىنى تۇتىمىز، باشقىلارغا ئەگەشكەندىن ئۇلارغا ئەگەشكىنىمىز تۈزۈكرەكتۇر»(12).
«ئەررىسالە (الرِّسَالَةُ)»دە مۇنداق كەلگەن: «ماڭا بىرى مۇنداق دېدى: ‹مەن سېنىڭ ئاللاھنىڭ ھۆكۈملىرىدىكى، ئاندىن ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ ھۆكۈملىرىدىكى مەزھەبىڭنى چۈشەندىم. ئاللاھنىڭ ھۆكمىنىڭ نەسسى يوق ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىنمۇ ھۆكۈم نەقىل قىلىنمىغان ھالەتتە، كىشىلەر بىرلەشكەن (يەنى ساھابەلەر ئىجماﺋ قىلغان) ئىشقا ئەگىشىشىڭگە نېمە ھۆججىتىڭ بار؟› دېدىمكى: ‹ئۇلار بىرلەشكەن ۋە ئۇنىڭ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن نەقىل ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىشقا كەلسەك، ئىش ئۇلار دېگەندەكتۇر ئىنشائاللاھ، ئەمما نەقىل ئىكەنلىكىنى ئېيتمىغانلىرىغا كەلسەك، ئۇنىڭمۇ (رەسۇلۇللاھتىن) نەقىل بولۇش ئېھتىمالى بار. چۈنكى، ئاڭلىمىغان بولسا ئۇنى نەقىل قىلىش جائىز بولمىغىنىدەك، رەسۇلۇللاھنىڭ دېگىنىدىن باشقىچە بولۇشى مۇمكىن بولغان بىرنەرسىنى ئويدۇرۇپ نەقىل قىلىشمۇ جائىز بولمايدۇ›»(13). ئىمام شافىئىي ئۇلار ئىختىلاپلىشىپ قالغاندا كىتاب ۋە سۈننەتكە دالالىتى ئەڭ يېقىن بولغاننى تاللاش توغرىسىدا: «ئۇلارنىڭ ئىختىلاپلاشقان ئىشلىرى ئاز بولدى. ئەگەر ئۇلار بىر ئىشتا ئىختىلاپلىشىپ قالسا، بىز ئۇ ھەقتە ئاللاھنىڭ كىتابىدىن ياكى رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىدىن بىر دالالەتنى تاپتۇق، ياكى كىتاب – سۈننەتكە قىياس قىلىشنى تاپتۇق» دەيدۇ ۋە ساھابەلەرنىڭ سۆزلىرىدىن بىرنى تاللاشقا ئائىت كۆپ مىساللارنى كەلتۈرىدۇ.
ئۇسۇل ئالىملىرىنىڭ ئىمام شافىئىيدىن نەقىل قىلغان نەرسىسىگە ئىمام ئىبنۇلقەييىمنىڭ قوشۇلمايدىغانلىقىنى كۆرىمىز. ئۇ ئېيتىدۇ: «ئىمام شافىئىينىڭ يېڭى كىتابىدىن ساھابەنىڭ سۆزىنىڭ ھۆججەت ئەمەسلىكىنى ئىپادىلەيدىغان بىرەر ھەرپمۇ تېپىلمايدۇ، شۇنى نەقىل قىلغان كىشىنىڭ ئەڭ چوڭ تۇتقىسى شۇكى، ئىمام شافىئىينىڭ ساھابەلەرنىڭ بىر قىسىم سۆزلىرىنى ھېكايە قىلىپ، ئۇنىڭغا قارشى يول تۇتقانلىقىدۇر. بۇ بەك ئاجىز تۇتقىدۇر. چۈنكى، مۇجتەھىدنىڭ ئۆزىنىڭ نەزەرىدە كۈچلۈكرەك بولغان بىر دەلىل سەۋەبىدىن مۇئەييەن بىر دەلىلگە قارشى يول تۇتۇشى ئۇنىڭ مەزكۇر دەلىلنى ئومۇمەن بىر دەلىل دەپ قارىمايدىغانلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ. بەلكى شافىئىي ئۆزىنىڭ نەزەرىدىكى كۈچلۈكرەك بىر دەلىلگە ئاساسەن، يەنە بىر دەلىلگە قارشى يول تۇتقان. يەنە بەزىلەر شۇنى تۇتقا قىلغانكى، ئۇ يېڭى كىتابىدا ساھابەلەرنىڭ سۆزلىرىنى تىلغا ئالغاندا ئۇنىڭغا قوشۇلسىمۇ، نەسلەردە يالغۇز نەسلەرگە تايانغاندەك يالغۇز ئۇنىڭغىلا تايانمايتتى، بەلكى ئۇنى تۈرلۈك قىياسلار بىلەن كۈچلەندۈرەتتى، بىر مەررە ئۇنى تىلغا ئېلىپ، ئۇنىڭ ئەكسىنى جاكارلايتتى، يەنە بىر مەررە ئۇنىڭغا قوشۇلاتتى، ئەمما ئۇنىڭغا تايانماي، ئۇنى يەنە بىر دەلىل بىلەن كۈچلەندۈرەتتى. بۇمۇ ئالدىنقىسىدىن بەكرەك ئاجىز تۇتقىدۇر. دەلىللەرنى بىر – بىرى بىلەن كۈچەيتىش ۋە ياقىلاش ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى ئەھلى ئىلىملەرنىڭ ئادىتىدۇر، ئۇلارنىڭ بىر دەلىلدىن كېيىن ئىككىنچى، ئۈچىنچى دەلىلنى تىلغا ئېلىشى باشتا سۆزلىگەن دەلىلنىڭ ھەرگىزمۇ دەلىل ئەمەسلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ»(14).
ئەمەلىيەتتە، ئۇسۇلۇلفىقھ ھەققىدە كىتاب يازغانلار ئىمام شافىئىينىڭ ئۆزى چۈشەنگەن بىر قۇرئانىي نەسكە ئاساسەن ياكى ئۆزىنىڭ نەزەرىدە سەھىھ بولغان بىر ھەدىسگە ئاساسەن، بەزى ساھابەلەرنىڭ سۆزلىرىنى رەت قىلغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى ساھابەلەرنىڭ سۆزلىرىنى تەرك ئېتىدۇ، ساھابەلەرنىڭ سۆزلىرىنى ھۆججەت دەپ قارىمايدۇ دەپ ئويلاپ قالغان. ئۇلار ئۇنتۇغانكى، ئۇ دەلىللەشنى تەرتىپ بىلەن قىلىدۇ، مەرتىۋىسى قانچىلىك بولۇپ كەتسۇن كىشىلەرنىڭ سۆزلىرىنى ھەدىسنىڭ يېنىغا قويمايدۇ، ھەتتا ئۇنىڭ: «ئەگەر زامانداش بولۇپ قالغان بولسام، مەن چوقۇم مۇنازىرىلىشىدىغان بىر ئادەمنىڭ سۆزىگە ئاساسلىنىپ، قانداقمۇ رەسۇلۇللاھنىڭ سۆزىنى تەرك ئېتىمەن» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان. ئۇنىڭ بۇ گېپى ئەگەر كىتابتىنمۇ ۋە سۈننەتتىنمۇ بىرنەرسە تاپالمىسا، ساھابەنىڭ سۆزىنى تۇتىدىغانلىقىنى چەكلىمەيدۇ.
شىئە ۋە خاۋارىجلار قارشى يول تۇتۇپ، ساھابەلەرنىڭ سۆزلىرىنى ھۆججەت دەپ قارىمىغان. ئۇلاردىن كېيىن زاھىرىيلار كېلىپ، ئۇلارمۇ شۇ گەپنى دېگەن، ئەمما ساھابەلەر ئىجماﺋ قىلغان ئىشلاردا ساھابەلەرنىڭ ئىجمائسىنى ھۆججەت دەپ قارىغان.
[56] ساھابەلەرنىڭ سۆزلىرىنى تۇتۇش ئۈچ جەھەتتىن مەزھەبلەرنىڭ ئىختىلاپلىشىش سەۋەبلىرىدىن بىرى بولغان. ئۇ ئۈچ جەھەت:بىرىنچى: بەزى فۇقەھائ بىرەر ساھابەنىڭ سۆزىنى كۆرسە، شۇنىڭ بىلەن كۇپايىلىنىپ ئىجتىھاد قىلمايتتى، يەنە بەزى فۇقەھائ «ئۇنىڭ نەقىل بولۇشتىن باشقا ھالىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمىسا، ئۇنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىس ئالدىدىمۇ ھۆججەت بولالايدۇ» دەپ قارىغان. ئىمام شافىئىي ۋە كۆپ ئالىملار: «گەرچە نەتىجىدە ئىككىلىسى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە نىسبەت بېرىلىدىغان بولسىمۇ، ئۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئوچۇق نىسبەت بېرىلگەن ھەدىسنىڭ ئالدىغا قويۇلمايدۇ» دەپ قارىغان.
ئىككىنچى: فۇقەھائ قايسى ساھابەگە ئەگىشىش (نىڭ ئەۋزەللىكى) دە ئىختىلاپلىشىدۇ. مەسىلەن، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە باشقىلارنىڭ سۆزىگە قارىغاندا ئىبنى مەسئۇدنىڭ سۆزلىرىنى تەرجىھ قىلىدۇ، ئىمام شافىئىي كۆپ مەسىلىلەردە زەيد ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ سۆزلىرىنى تەرجىھ قىلىدۇ. ساھابەلەرنىڭ ئۆزلىرى ئارىسىدىكى ئىختىلاپى قانچىلىك بولسا، ئۇلارغا ئەگىشىدىغانلارنىڭمۇ ئىختىلاپى شۇنچە بولغان.
ئۈچىنچى: بەزى فۇقەھائ «ساھابەلەرنىڭ سۆزلىرى ھۆججەت ئەمەس» دەپ قارىغان.
تابىئىننىڭ سۆزى
[57] يۇقىرىقىسى فۇقەھائنىڭ ساھابەلەرنىڭ سۆزى ھەققىدىكى قاراشلىرىدۇر. شەكسىزكى، ساھابەنىڭ سۆزىنىڭ ھۆججەتلىكىنى رەت قىلغانلار تابىئىننىڭ سۆزىنى تېخىمۇ رەت قىلىدۇ. شىئەلەر، خاۋارىجلار ۋە زاھىرىيلار خۇددى ساھابەنىڭ سۆزىنى ھۆججەت دەپ قارىمىغاندەك، تابىئىننىڭ سۆزىنىمۇ ھۆججەت دەپ قارىمايدۇ.ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ۋە ئىمام شافىئىي ئىككىسى ساھابەلەرنىڭ سۆزلىرىنى تۇتسىمۇ، شۇنداقلا ساھابەلەر ئىختىلاپلىشىپ قالغاندا ساھابەلەرنىڭ سۆزلىرىدىن (بىرنى تاللاپ ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن) چىقمىسىمۇ، تابىئىننىڭ سۆزىنى تۇتمىغان. ئەبۇ ھەنىفە بۇنى ئوچۇق ئېيتىپ: «ئىبراھىم ۋە ھەسەنگە كەلسەك، ئۇلار بىزگە ئوخشاش ئادەم» دېگەن.
شافىئىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ تابىئىننىڭ سۆزىنى قانداقتۇر بىرەر تۈردە ھۆججەت دەپ ئېتىبارغا ئالغانلىقى مەلۇم ئەمەس. ئىبنۇلقەييىم: «ئۇ بەزىدە تابىئىننىڭ سۆزىنى تۇتاتتى» دەيدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ ئېيتىدۇ: «شافىئىي بىر ئورۇندا (بىر قارىشى ھەققىدە) ئەتائغا تەقلىد قىلىپ شۇنداق قارىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ ئۇنىڭ ئىلمى ۋە فىقھىسىنىڭ كامىللىقىدىندۇر. چۈنكى، ئۇ مەسىلىدە ئەتائنىڭ سۆزىدىن باشقىنى تاپالمىغان. ئەتائنىڭ سۆزى ئۇنىڭ نەزەرىدە مەزكۇر مەسىلىدە تاپقان ئەڭ كۈچلۈك قاراش ئىدى. يەنە بىر ئورۇندا ئۇ: ‹بۇ ھۆكۈم ئەتائنىڭ سۆزى بويىچە تەخرىج قىلىنىدۇ› دېگەن».
مېنىڭ نەزەرىمدە بۇ ئىبارە شافىئىينىڭ تابىئىنگە ئەگىشىشنى توغرا كۆرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرمايدۇ. چۈنكى، ئەتائنىڭ سۆزى ئۇنىڭ قىياسىغا ئۇدۇل كەلگەنلىكى ئۈچۈن ياكى ئۇ ئەتائنىڭ بۇ رايىدىن پايدىلىنىپ مەسىلىدىكى قىياس نۇقتىسىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ قارىشىنى ئەتائغا مەنسۇپ قىلغان بولۇشى مۇمكىن. بىزنىڭ مۇشۇ پىكىردە بولۇشىمىز ئۇيغۇندۇر. چۈنكى، ئۇ ئۆزىنىڭ فىقھىي مەنبەلىرى قاتارىدا تابىئىننىڭ سۆزىنى تىلغا ئالمىغان. ئۇ ھەقىقەتەن كىتابلىرىنىڭ كۆپ يەرلىرىدە مەسىلە دەلىللەش يولىنى بىرمۇبىر بايان قىلغان بولۇپ، بىز ھېچبىر يەردە ئۇنىڭ تابىئىننىڭ سۆزىنى ھۆججەت دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان بىرەر ئىشارەت ياكى ئىبارىنى تاپالمايمىز.
مانا بۇ ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ۋە ئىمام شافىئىيدۇر. ئىمام مالىكقا كەلسەك، ئۇ ئۆزىنىڭ تابىئىننىڭ سۆزىگە «ھۆججەت» دەپ ئەگىشىدىغانلىقىنى ئوچۇق ئېيتمىغان. لېكىن، بىز ئۇنىڭ «مۇۋەتتا»دا تابىئىننىڭ سۆزلىرىنى كۆپ رىۋايەت قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنى تۇتىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ سەئىد ئىبنى مۇسەييەب، سالىم ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرنىڭ ئازادگەردىسى نافىئدەك چوڭ تابىئىننىڭ سۆزلىرىنى تۇتىدىغانلىقىنى كۆردۇق.
ئىمام ئەھمەدكە كەلسەك، ئۇ ساھابەنىڭ سۆزىنى تۇتقاندەك، بىرەر ساھابەنىڭ سۆزى بولمىغاندا تابىئىننىڭ سۆزىنىمۇ تۇتىدۇ، تابىئىن ئىختىلاپلىشىپ قالسا، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى سېلىشتۇرمايدۇ ۋە ئۇ سۆزلەردىن بىرنى تاللىمايدۇ، بەلكى ھەربىر تابىئىننىڭ سۆزى ئۇنىڭ نەزەرىدە بىردىن كۆزقاراش بولىدۇ. ئۇلار ئارىسىدىكى ئىختىلاپ ئۇنىڭ مەزھەبىدىمۇ ئىختىلاپ بولىدۇ.
مەزھەبىي ئىختىلاپ ۋە ئۇنىڭ تەسىرى
[58] فىقھىي كۆزقاراشلار ئىختىلاپلىق بولدى ۋە بۇ ئىختىلاپتىن فىقھىي يۆنىلىشلەر شەكىللەندى، ئاندىن بۇ يۆنىلىشلەر يوغىناپ، فىقھىي مەزھەبلەرگە ئايلاندى. بۇ يەردە شۇنىڭغا ئىشارە قىلىپ ئۆتۈشىمىز كېرەككى، ئىختىلاپ دىننىڭ ئاساسىدا ۋە شەرىئەتنىڭ نېگىزىدا بولغان ئەمەس، لېكىن ئۇ شەرىئەتنىڭ نەسلىرىنى چۈشىنىش ۋە شەرىئەتنىڭ ئومۇمىي پرىنسىپلىرىنى شاخچە مەسىلىلەرگە تەتبىقلاشتىكى ئىختىلاپتۇر. ھالبۇكى ئىختىلاپلاشقان ئالىملارنىڭ ھەننىۋاسى بىردەك «قۇرئان» ۋە سۈننەتنىڭ نەسلىرىنى ئۇلۇغلايدۇ. ھەتتا ئۇلار ئىسلامغا قاتتىق ئەگەشكەنلىكلىرىدىن، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ساھابەلەرنىڭ سۆزلىرىگە مۇخالىپ يول تۇتۇشقا رۇخسەت قىلمىغانىدى. چۈنكى، ساھابەلەر ۋەھيىنىڭ نازىل بولۇشلىرىنى ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرگەن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن نۇبۇۋۋەت ئىلمىنى ئۆگەنگەن ۋە ئۇنى كېيىنكىلەرگە يۆتكىگەن كىشىلەردۇر. دېمەك، بۇ ئىختىلاپ (دىندىكى) ئۇسۇللارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ، لېكىن ئۇ فۇرۇئلاردىكى ئىختىلاپتۇر. ئىختىلاپنى كېسىپ توختاتقۇدەك كەسكىن بىر دەلىل بولمىغاچقا، ئىختىلاپ فۇرۇئلاردا بولغان. شەرىئەتكە نىسبەتەن ئۇلارنىڭ كۆزقاراشلىرى گويا دەرەخنىڭ شاخلىرىدەك بولۇپ، شاخلار ھەرقانچە كۆپ بولۇپ كەتسىمۇ، ئۇنىڭ بىخلىنىپ چىققان يىلتىزى بىردۇر، ھەممە شاخ شۇ يىلتىزدىن ئوزۇقلىنىدۇ.
كىشىلەر ئۆتمۈشتە ۋە ھازىردا شۇ ئىختىلاپلاشقان ئالىملارنىڭ كۆزقاراشلىرىنى ئويلانماستىنلا ئەگىشىشكە تېگىشلىك بىر دىن دەپ چۈشەنگىنى يوق، ئۇلارمۇ كىشىلەرنى ئۆزلىرىگە ئەگىشىشكە چاقىرمىغان، بەلكى ھەقكە يەتكۈزىدىغان دەلىلگە ئەگىشىشكە چاقىرغان، ھەتتا دەلىل ئۆزلىرىنىڭ قاراشلىرىغا قارشى كېلىپ قالغان تەقدىردىمۇ دەلىلگە ئەگىشىشكە چاقىرغان. ئۇلارنىڭ چوڭى ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ئېيتىدۇ: «بۇ بىز يەتكەن ئەڭ ياخشى قاراشتۇر، كىمكى ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىراقىنى كۆرسە، شۇنىڭغا ئەگەشسۇن». بەزى فۇقەھائ ئۇنىڭدىن:
— ئۆزلىرى بېرىپ توختىغان بۇ قاراش شەكسىز ھەقمۇ؟ — دەپ سورىغاندا، ئىخلاسلىق ئىمام:
— بىلمەيمەن، بەلكىم ئۇ شەكسىز باتىل بولۇشىمۇ مۇمكىن، — دەپ جاۋاب بەرگەن.
شافىئىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزىنىڭ شاگىرتلىرىنى ئەگەر ئۇلار قىياسنى مەنبە قىلغان قارىشىنىڭ بىرەر ھەدىسكە قارشى كېلىپ قالغانلىقىنى كۆرسە، ئۆزىنىڭ قارىشىنى نېرى چۆرۈشكە تەرغىب قىلاتتى. بۇ ھەقتە ئۇ: «ھەدىس سەھىھ بولسىلا، شۇ مېنىڭ مەزھەبىمدۇر» دەيدۇ. ئۇ يەنە كۈچلۈك ئىمان: «رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسى كەلسە، مەن ئۇنىڭغا قارشى يول تۇتسام، قايسى زېمىن مېنى كۆتۈرەلەيدۇ؟! قايسى ئاسمان ماڭا سايە بېرەلەيدۇ؟!» دەيدۇ.
ئىمام مالىكتىنمۇ شۇنىڭ ئوخشىشى رىۋايەت قىلىنغان. ئۇ شاگىرتلىرىنى ئۆزىنىڭ پەتۋالىرىنى يېزىۋېلىشتىن توساتتى، شۇنىڭدەك ئىمام ئەبۇ ھەنىفەمۇ توساتتى. ئۆز ۋاقتىدا ئىمام ئەبۇ ھەنىفە شاگىرتى ئەبۇ يۈسۈفنىڭ ئۆزىنىڭ دېگەنلىرىنى يېزىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا: «ۋاي ياقۇب! مەن نېمە دېسەم شۇنى يازامسەن؟ مەن بىر كۈنى بىر قاراشتا بولسام، ئەتىسى ئۇنىڭغا ئوخشىمايدىغان بىر قاراشتا بولۇشۇم مۇمكىن. ئەتىسى بىر قاراشتا بولسام، ئۆگۈنى يەنە ئوخشىمايدىغان بىر قاراشتا بولۇشۇم مۇمكىن» دېگەن.
ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل (ئىجتىھاد سالاھىيىتى بار) ھەر كىشىنىڭ ئىجتىھاد قىلسا بولىدىغانلىقى، ھەنبەلىي مەزھەبتە ئىجتىھاد ئىشىكىنىڭ تاقالمىغانلىقى، شافىئىيلارنىڭ ۋە ھەنەفىيلەرنىڭ بەزى كېيىنكى ئالىملىرى قىلغاندەك، ھېچكىمنىڭ زوراۋانلىق قىلىپ ئىجتىھاد ئىشىكىنى تاقالمايدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.
بۇ ئىختىلاپ ھەقىقەتەن ئەقىللەرنى ئاچقان. شۇنىڭ بىلەن ئەقىللەر قاتماللاشماستىن ئىجتىھاد قىلىپ، ئىسلام ئىلىملىرىنى توپلاپ يېزىشقا يۈزلەنگەن، ئاخىرىدا فىقھىي تەتقىقاتلاردىن ئىبارەت مول بىر مەدەنىي مىراسنى قالدۇرغان. ئەگەر بىز ئۇنى ئىنسانىيەت بىلىم ساھەسىدىكى ئەڭ چوڭ فىقھىي بايلىق دېسەك، چەكتىن ئاشۇرۇۋەتكەن بولمايمىز. ياۋروپالىقلارنىڭ دەۋا قىلىدىغان ئەڭ چوڭ بايلىقى رىم قانۇنى بولسا كېرەك. ئەگەر شۇ رىم قانۇنى تارازىغا سېلىنىپ قالسا، فۇقەھائ قالدۇرۇپ كەتكەن فىقھ ئۇسۇللىرى ۋە فىقھ مەسىلىلىرىنىڭ ئوننىڭ بىرىگە تەڭ كەلمەيدۇ. ئەگەر ئىنسانىيەت ئۆزىگە ياخشىلىق ئىستىسە ۋە ئۆزىنى مەنپەئەتلەندۈرىدىغان، يۈكسەلدۈرىدىغان نەرسىگە ئىنتىلسە، شۈبھىسىزكى، فىقھىي بايلىقلار ئىنسانىيەتنى ھەر جەھەتتىن بىھاجەت قىلىدىغان جۇزئىي ھەل – چارىلەرنى ۋە كۇللىي قائىدىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
[59] ئىماملارنىڭ دەۋرىدىن كېيىن، ئەنە شۇ ئۇلۇغ فىقھىي ئەمگەك كىشىلەرنى جەلب قىلدى. ھەر ئىمامنىڭ شاگىرتلىرى بار ئىدى. ئۇلار ئىماملارغا ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ يولىدا ماڭدى. بۇلاردىن كېيىن شۇ رىۋايەت قىلىنغان قاراشلارنى تەتقىق قىلغانلار مەيدانغا كەلدى. ئەگىشىش فىقھىي تەپەككۇرغا مۇشۇنداق ھاكىم بولۇشقا باشلىدى. ئەگىشىشتىن كېيىن تەقلىد قىلىش مەيدانغا كەلدى. تەقلىد ھىجرىيە تۆتىنچى ئەسىردىن باشلاندى. لېكىن، ئۇ دەسلەپتە قىسمەن تەقلىد ئىدى. ئاندىن كېيىن ئۇنىڭ دائىرىسى كېڭىيىپ، ئاخىرقى ئەسىرلەردە پۈتۈن تەقلىدكە ئايلىنىپ كەتتى. بىرقانچە سەۋەب بىرلىشىپ، تەقلىدكە ئېلىپ باردى.تەقلىدنىڭ سەۋەبلىرى:
بىرىنجى سەۋەب: شاگىرتلارنىڭ ئۇستازلىرىغا ئەگىشىشى، ئاندىن ئۇلاردىن كېيىن كەلگەنلەرنىڭ ئەگىشىشى ۋە ئەگىشىشنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد زەنجىرسىمان بولۇشى. ھەرقاچان بىر ئەۋلاد كەلسە، ئالدىدىكىسىگە ئەگىشىش تېخىمۇ كۈچلۈك بولدى ۋە كېيىنكى ئەۋلاد ئىلگىرىكىلەرنىڭ قاراشلىرىغا بۇرۇنقى ئەۋلادتىكىدىن كۆپرەك ھۆرمەت كۆرسىتەتتى.
ئىككىنچى سەۋەب: قازىلىق. قازىلىق دېگەن تەرتىپسىز قالايمىقان بولمايدۇ، بەلكى ئۇ رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك بىر مېتودنى تەلەپ قىلىدۇ. ساھابەلەرنىڭ، تابىئىننىڭ ۋە ئۇلاردىن كېيىنكى بىر ئەۋلادنىڭ دەۋرىدە قازىلىققا چەكلىمە قويۇش بولمىغانىدى (يەنى قازىلىق مەلۇم مەزھەب ياكى ئېقىم بىلەن چەكلەنمەيتتى). بۇنداق بولۇشى دىن – دىيانەت ۋە تەقۋادارلىقنىڭ كۈچلۈكلۈكىدىن، بىلىم – ساپانىڭ يۇقىرىلىقىدىن شۇنداق بولغانىدى. ۋەھالەنكى مەزكۇر ئەسىرلەردە چەكلىمە قويۇش پىكرى ئەمەلىيلەشمىگەن بولسىمۇ، بۇ پىكىر شۇ ئەسىرلەردە ئېتىلىپ چىققان ئىدى. (خەلىفەلەردىن) مەھدىي ۋە رەشىدنىڭ دەۋرىگە كەلگەندە، قازىلىق ئىراقلىقلارنىڭ فىقھىسىغا خاسلاشتى.
ئاندىن ھەنەفىي مەزھەب ئۇزاق ئەسىر دۆلەتنىڭ مەزھەبى بولدى. مالىكىي مەزھەب ئەندەلۇستا دۆلەت مەزھەبى بولدى، شافىئىي مەزھەب مەلۇم بىر ۋاقىت شامدا دۆلەت مەزھەبى بولدى.
ئۈچىنچى سەۋەب: ئاۋۋالقى ئۈچ ئەسىر ئىشلەپچىقارغان فىقھىي بايلىقنىڭ بولۇشى. بۇ ئارقىلىق كۆپىنچە مەسىلىلەرگە فىقھىي چارىلەر تېپىلغان ئىدى.
تۆتىنچى سەۋەب: ئۈچ ئەسىردىن كېيىنكى ئەسىرلەرگە ھۆكۈم سۈرگەن مەزھەب مۇتەئەسسىبلىكى. فىقھىي مەزھەبلەر ئارىسىدا تالاش – تارتىش، مۇنازىرىلەر قاينىغان. بولۇپمۇ ھەنەفىي مەزھەبى بىلەن شافىئىي مەزھەبىدەك رايونلاردا تەڭ مەۋجۇد بولغان مەزھەبلەردە بەكرەك قاينىغان. بۇ ئىككى مەزھەب ئەھلى ئوتتۇرىسىدا قاتتىق مۇنازىرە بولغان.
بۇ ۋە باشقا سەۋەبلەرنىڭ ئومۇمىسىدىن، ئالىملار ئىلگىرىكىلەرنىڭ سۆزلىرىگە مۇراجىئەت قىلىش بىلەن كۇپايىلەنگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئاخىرقى دەۋرلەردە ئىلگىرىكى ئىماملارنىڭ ئىجتىھادى بىلەن كۇپايىلىنىپ، ئىجتىھادنىڭ ئىشىكىنى تاقىغانلار كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ دەۋر تەقلىدچىلىك دەۋرى ۋە ئىلگىرىكىلەرنىڭ كىتابلىرىدىن تاللاش دەۋرى بولغان.
ھەر خىل مەزھەبلەر ئىجتىھاد ئىشىكىنى تاقاش پىكرىنى ئوخشاش دەرىجىدە قارشى ئېلىپ كەتمىگەن. بۇ پىكىر ھەنەفىي ۋە شافىئىي مەزھەبلىرىدە ئالقىشقا ئېرىشكەن بولسا، مالىكىي مەزھەبىدە گەرچە بىرئاز تەسىرى كۆرۈلگەن بولسىمۇ، ئۇنچە ئالقىشقا ئېرىشەلمىگەن. ھەنبەلىي مەزھەبىگە كەلسەك، ھەنبەلىي مەزھەب فۇقەھائلىرى يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارغا ئەھكام ئىستىنبات قىلالاش ئۈچۈن، ھېچقانداق بىر دەۋرنىڭ مۇجتەھىدتىن خالىي قالسا بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
زەيدىي ۋە ئىمامىي شىئەلىرى، شۇنداقلا خاۋارىجلار ئۆزلىرىنىڭ ئالىملىرىنىڭ ئىجتىھاد قىلىشىنى ۋاجىب دەپ قارىغان، زاھىرىيلارمۇ شۇنداق دەپ قارىغان. بۇلار چەكتىن ئېشىپ، ئاۋامغىمۇ ئىجتىھادنى ۋاجىب قىلغان. (ئۇلارنىڭ قارىشىچە) ئاۋامنىڭ ئىجتىھادى كۈچىنىڭ يېتىشىچە بولىدۇ، ئۇ بولسىمۇ ئۆزلىرىگە پەتۋا بېرىدىغان كىشىدىن پەتۋانى نېمىگە ئاساسەن دەۋاتقانلىقىنى بىلىشتۇر.
زاھىرىيلاردىن باشقا، ئىجتىھادنى ۋاجىب دەپ قارىغانلار ئىجتىھادنى ئالىملارغا چەكلىك قىلغان. ئاۋام بولسا ئۆزلىرى پەتۋا سورىغان ئادەمگە تەقلىد قىلىدۇ.
ھازىر زېھىنلەر ئىجتىھاد ئىشىكىنى قايتىدىن ئېچىشقا، تېخىمۇ توغرىسى ئىجتىھاد مەيدانىغا كىرىشكە ئىنتىلدى. ھېچكىمنىڭ ئىجتىھاد ئىشىكىنى تاقاش ھەققى يوق. قانچە مەرتىۋىلىك فەقىھ بولۇپ كەتسۇن، ھېچبىر فەقىھنىڭ ئەقىللەرنى تەپەككۇر قىلىشتىن چەكلىشى توغرا ئەمەس.
ئىجتىھاد ئىشىكىنى تاقاش نامۇۋاپىق بىر ئىش بولسىمۇ، لېكىن ئىجتىھاد ئەھلى بولماي تۇرۇپ ئىجتىھاد قىلىش ئىسلامغا قاتتىق زىيان ئۇرىدۇ. شۇڭا، مۇجتەھىد ئىجتىھاد قىلىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇشى، ئىسلامنىڭ ئومۇمىي مەقسەتلىرىنى بىلىدىغان بولۇشى كېرەك. شۇ جەھەتتىن، بىزنىڭ «ئەھكاملاردىكى مەقسەتلەر» ۋە «ئىجتىھاد ۋە ئۇنىڭ مەرتىۋىلىرى» دېگەن بۇ ئىككى تېما ھەققىدە قىسقىچە توختىلىشىمىز لازىم بولدى.
ئىسلام مەزھەبلىرى تارىخى/ تاريخ المذاهب الإسلامية؛ ئىمام مۇھەممەد ئەبۇ زەھرە؛ مۇھەممەد قاۋۇل قاراخانىي تەرجىمىسى؛ ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى
1. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (7352)؛ مۇسلىم (1716). ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەتى.
2. دارەقۇتنىي (822). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەتى.
3. ئەبۇ داۋۇد (2189)؛ ئىبنى ماجە (2080)؛ دارىمىي (2294). ئالبانىي: «زەئىف» دېگەن. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەتى.
4. مەردۇد: رەت قىلىنغان دېگەن مەنىدە. قاراڭ: خەمىت تۆمۈر، ئابدۇررەئۇپ پولات: «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، 550 – بەت.
5. ئەزىزۇللاھ ئۇتارىدىي: «مۇسنەدۇل ئىمام ئەسسادىق (مسند الامام الصادق أبي عبدالله جعفر)»، 8/15. لىۋان باسمىسى.
6. سەھل ئىبنى سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىس (بۇخارىي 441) تە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: «تۇر، ئەبۇ تۇراب!» دېگەن.
7. نىكاھى مۇتئە (نِكَاحُ الْمُتْعَةِ): ئەرەبچىدە «بەھرىمەن بولماق، مەنپەئەتلەنمەك ۋە ھۇزۇرلانماق» دېگەن مەنىلەردىكى «مۇتئە» كەلىمەسىگە ئىزافەت قىلىنغان ۋاقىتلىق نىكاھ بولۇپ، شەرىئەت ئىستىلاھىدا: «بىر ئەرنىڭ بىر ئايالغا مەلۇم ھەق بەدىلىگە بىر كۈن ياكى بىر ھەپتە، ياكى بىر ئاي دېگەندەك ۋاقىتلىق بەھرىمەن بولۇشنى ئىپادىلەپ نىكاھلىنىشى»دىن ئىبارەت. بۇ خىل نىكاھ ئىناۋەتسىز بولۇپ، ماھىيەت جەھەتتىن بەھرىمەن بولۇشنى ئىپادىلىمىگەن «ۋاقىتلىق نىكاھ (النِّكَاحُ الْمُؤَقَّتُ)»دىن پەرقى يوقتۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خەيبەر غازىتى كۈنى ئاياللارغا مۇتئە نىكاھلىنىشنى چەكلىۋەتكەن. قاراڭ: ئىبنى مەنزۇر: «لىسانۇلئەرەب»، 8/328؛ «سەھىھۇلبۇخارىي»، (4216)؛ دوكتور مۇھەممەد رەۋۋاس قەلئەجىي: «فۇقەھائ لۇغىتى قامۇسى»، 458 – بەت؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ»، 1722 – بەت.
8. مۇئەللىف كېيىنكى بىر بەتتە چۈشەندۈرگىنىدەك، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما دەسلىپىدە شۇ خىل قاراشتا بولغان، لېكىن ئۇنىڭغا رەسۇلۇللاھنىڭ مۇتئە نىكاھىنى ھارام قىلغانلىق خەۋىرى يەتكۈزۈلگەندە، بۇ قارىشىدىن يانغان. ئىمام تىرمىزىيمۇ شۇنداق بايان قىلغان. قاراڭ: «سۈنەنۇتتىرمىزىي»، «نىكاھلار بۆلۈمى»، «نىكاھى مۇتئە ھەققىدە كەلگەن ھەدىسلەر بابى».
9. شاز (اَلشَّاذُّ): ئەرەبچىدە «باشقىلاردىن ئايرىلىۋالغۇچى، توپتىن چىققۇچى، يات، غەيرىي، قائىدە سىرتىغا چىققۇچى ۋە غەلىتە» دېگەن مەنىدە. مۇھەددىسلەرنىڭ ئىستىلاھىدا: «رىۋايەتى قوبۇل قىلىنىدىغان بىر راۋىينىڭ ئۆزىدىنمۇ ئىشەنچلىكرەك ياكى ياخشىراق بىر ياكى بىرقانچە راۋىينىڭ رىۋايەتىدىن باشقىچە قىلغان رىۋايەتى» بولۇپ، ئىككى رىۋايەتنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇش مۇمكىن بولمىغىنىدا، ئۇ رىۋايەت «شاز (يات)» دەپ ئاتىلىدۇ. يەنە ئىشەنچلىك ياكى ئىشەنچسىز بىر راۋىينىڭ ئۆزى يالغۇز قىلغان، تەكشۈرگۈچىگە خاتالىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان رىۋايەتىگىمۇ قوللىنىلىدۇ. ئۇسۇلۇلفىقھ ئىستىلاھىدا: «مۇتلەق كۆپچىلىك ئالىملارغا، ئۇسۇل (ئاساسلىق پرىنسىپ ۋە قائىدە – قانۇنىيەتلەر) غا مۇخالىپ ھۆكۈم»دۇر. فىقھ ئىستىلاھىدا: ھەنەفىيلەر ۋە مالىكىيلارنىڭ قارىشىدا: «شاز مەشھۇرنىڭ ياكى راجىھنىڭ، ياكى سەھىھنىڭ قارىمۇقارشىىسىدۇر». يەنى شاز قاراش دېمەكلىك «مەرجۇھ ياكى زەئىف، ياكى غەرىب قاراش» دېگەنلىك بولىدۇ. شافىئىيلارنىڭ بايانلىرىدا شاز قاراش «راجىھقا ياكى كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىغا مۇخالىپ»نى كۆرسىتىدۇ. قىرائەت ۋە قۇرئان ئىلىملىرى ئىستىلاھىدا: قىرائەتلەر «مۇتەۋاتىر» ۋە «شاز» دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. شاز قىرائەت سەھىھ قىرائەتنىڭ تۆۋەندىكى ئۈچ ئاساسىدىن بىرەرسى كەم بولغان قىرائەتتۇر: سەنەدى سەھىھ بولۇش، ئەرەب تىلى قائىدىسىگە مەلۇم جەھەتتىن ئۇيغۇن بولۇش ۋە ئوسمانىي مۇسھەف («قۇرئان») كە ماس كېلىش. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 25/357؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «ھەدىس شەرىف ئىلىملىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 430 – بەت.
10. ئىبنۇلقەييىم: «ئىئلامۇل مۇۋەققىئىن»، 2/276.
11. يەنى ئۆز ئاغزى بىلەن دەپ بەرگەن، باشقىلار يېزىۋالغان.
12. شافىئىي: «ئەلئۇم»، 7/247.
13. شافىئىي: «ئەررىسالە»، 471 – بەت، ئۇستاز ئەھمەد شاكىر نەشرگە تەييارلىغان. ھەلەبىي باسمىسى، قاھىرە.
14. ئىبنۇلقەييىم: «ئىئلامۇل مۇۋەققىئىن»، 4/92.