مۇجتەھىد ئىماملار دەۋرىدىكى ئىجتىھاد

مۇجتەھىد ئىماملار دەۋرىدىكى ئىجتىھاد

[28] تابىئىندىن كېيىن ئۇلارنىڭ شاگىرتلىرى مەيدانغا كەلدى. ئۇلار بولسىمۇ تەبەئى تابىئىندۇر. ئۇلارنىڭ تارىخى فىقھىي مەزھەبلەرنىڭ شەكىللىنىشىگە زىچ باغلانغان. ئىماملارنىڭ ياشتا ئەڭ چوڭىنىڭمۇ ئۇستازلىرى تابىئىندىن ئىدى. شۇڭا، ئۇ «تەبەئى تابىئىندىن ياكى تابىئىننىڭ شاگىرتلىرىدىن» دەپ قارىلىدۇ. ئۇ بولسىمۇ ئىمام ئەبۇ ھەنىفەدۇر(1). ئۇنىڭ شەيخلىرى تابىئىندىن ئىدى، مەسىلەن، ئىبراھىم نەخەئىي، شەئبىي، ھەمماد ئىبنى ئەبۇ سۇلايمان، ئەتاﺋ ئىبنى ئەبۇ رەباھ ۋە ئۇلاردىن باشقا چوڭ – كىچىك تابىئىن. بۇلارنىڭ بەزىسى تابىئىن بولۇشى بىلەن بىللە، تۇغۇلغان زامان ئامىلىنىڭ ياردىمىدە كۆپ ساھابەلەرنى كۆرگەن، لېكىن كۆپىنچە ئىلىمنى تابىئىندىن ئالغان، مەسىلەن بۇنىڭ تىپىك مىسالى ھەمماد. مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ ئىمام ئەبۇ ھەنىفەگە ئوخشاش بولۇپ، ئىمام مالىك بولسا ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ شاگىرتلىرىدىن ئىلىم ئالغان، يەنى ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ ئوغلى سالىمدىن، نافىئتىن ۋە مەدىنەنىڭ يەتتە فەقىھىدىن ياكى ئۇلارنىڭ شاگىرتلىرىدىن ئىلىم ئالغان. ئىمام مالىك (تابىئىندىن) كىم بالدۇر ئۆلۈپ كېتىپ ئۇنىڭغا ئۇلىشالمىغان بولسا، ئۇنىڭ شاگىرتلىرىدىن تەلىم ئالغان.

يەتتە فەقىھ:

بىرىنچىسى: سەئىد ئىبنى مۇسەييەب. ئۇ قۇرەيشلىك بولۇپ، مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى ئىمام ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خەلىفەلىكى دەۋرىدە تۇغۇلغان ۋە ھ. 93 – يىلى ۋاپات بولغان. ئىمام مالىك ئۇنىڭغا ئۇلىشالمىغان، ئەمما ئۇنىڭ شاگىرتى ئىبنى شىھابتىن تەلىم ئالغان.

ئىككىنچىسى: ئۇرۋە ئىبنى زۇبەير. ئۇ مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ھەزرىتى ئائىشەنىڭ ئاچىسىنىڭ ئوغلى بولۇپ، ئۇرۋە ھەزرىتى ئائىشەدىن كېيىن ئۇنىڭ ئىلمىنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا يۆتكىگەن كىشىدۇر. ھ. 94 – يىلى ۋاپات بولغان.

ئۈچىنچىسى: ئەبۇبەكرى ئىبنى ئۇبەيد ئىبنى ھارىس. ئۇ مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ھەزرىتى ئائىشەدىن ئىلىم ئالغان ۋە ھ. 94 – يىلى ۋاپات بولغان.

تۆتىنچىسى: قاسىم ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئەبۇبەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ. ئۇ مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ھەزرىتى ئائىشەنىڭ ئۇكىسىنىڭ ئوغلى بولۇپ، ئائىشەنىڭ ئىلمىنى يۆتكىگەن. ئۆز ۋاقتىدا ئۇنىڭ دادىسى مۇھەممەد ئىبنى ئەبۇبەكرى سىددىق ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ھەزرىتى ئائىشە ئۇنى بېقىۋالغان. ئۇ فەقىھ ۋە ھەدىس نەقىل قىلغۇچى ئىدى، ھىممەتلىك ۋە پاراسەتلىك ئىدى، ھ. 108 – يىلى ۋاپات بولغان.

بەشىنچىسى: ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇتبە ئىبنى مەسئۇد. ئۇ ئائىشە، ئىبنى ئابباس ۋە ئۇندىن باشقىلاردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان. ئۇ ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزنىڭ ئۇستازى ئىدى. ئۇ ئۆمەرنىڭ تەپەككۇرى ۋە پىكىر يۆنىلىشىگە قاتتىق تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇ ھ. 99 – يىلى ۋاپات بولغان.

ئالتىنچىسى: سۇلايمان ئىبنى يەسار. ئۇ مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ھەزرىتى مەيمۇنە بىنتى ھارىسنىڭ ئازادگەردىسى ئىدى. مەيمۇنە ئۇنى مۇكاتەبە توختامى (يەنى مەيمۇنەگە مەلۇم مىقداردا پۇل تېپىپ تاپشۇرسا ئازاد بولىدىغانلىقى توختامى) بىلەن ئازاد قىلىۋەتكەن. ئۇ زەيد ئىبنى سابىت، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر، ئەبۇ ھۇرەيرە، مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى مەيمۇنە ۋە ئۇممۇ سەلەمە قاتارلىق زاتلاردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان. ھ. 100 – يىلى ۋاپات بولغان.

يەتتىنچىسى: مىراس ئىلمىدە ساھابەلەرنىڭ فەقىھى بولغان زەيد ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئوغلى خارىجە. ئۇ دادىسىنىڭ ئىلمىنى ئۆگەنگەن ۋە دادىسىغا ئوخشاش راي بىلەن مەشھۇر بولغان. ئۇ دادىسىدەك مىراس ئىلمىنى كامىل بىلەتتى، كىشىلەرنىڭ مىراسلىرىنى ئۇلار ئارىسىدا كىتاب ۋە سۈننەت بويىچە بۆلۈپ بېرەتتى. مۇسئەب ئىبنى ئابدۇللاھ ئېيتقانكى: «خارىجە ۋە تەلھە ئىبنى ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋفنىڭ زامانىدا كىشىلەر ئۇ ئىككىسىدىن پەتۋا سورايتتى ۋە ئىككىسىنىڭ سۆزلىرىگە تايىناتتى. ئىككىسى مىراسخورلارنىڭ ئۆي – جاي، خورما، پۇل – ماللىرىدەك مىراسلىرىنى تەقسىملەپ بېرەتتى ۋە ۋەسىقىلەرنى يازاتتى».

شۇنى بايقىۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ يەتتە فەقىھنىڭ كۆپىنچىسى رىۋايەت قىلىشتا ئىنچىكە ۋە راستچىل بولۇش، تەخرىج قىلىش ۋە شۇنىڭ تەقەززاسى بويىچە پەتۋا بېرىش قاتارلىقلارنى ئۆزلىرىدە جەملىگەن كىشىلەردىندۇر. ئۇلارنىڭ بەزى زامانداشلىرى ئېيتقانكى: «شۇ زاماندا بىر ئادەم ئەھلى ئىلىملەردىن بىر مەسىلىنى سورىماقچى بولۇپ كىرسە، ئەھلى ئىلىملەر پەتۋا بېرىشنى تازا ياقتۇرماي، ئۇنى بىر مەجلىستىن يەنە بىر مەجلىسكە ئىتتىرىشەتتى. ئۇ ئىتتىرىلىپ، ئاخىرىدا سەئىد ئىبنى مۇسەييەبنىڭ مەجلىسىگە كېلىپ قالاتتى. ئۇلار ئۇنى ›جۈرئەتلىك سەئىد ئىبنى مۇسەييەب‹ دەپ ئاتىشاتتى»(2).

شۇنىڭدەك قاسىم ئىبنى مۇھەممەد، ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى ئۇتبە ئىبنى مەسئۇد، سۇلايمان ئىبنى يەسار ۋە خارىجەلەرمۇ تەخرىج قىلىش ۋە راي بىلەن پەتۋا بېرىشلەرنى كۆپ قىلاتتى. تەخرىج كۆپ بولغان يەردە، راي فىقھىسىمۇ كۆپ بولىدۇ.

شۇڭلاشقا، مەدىنەدىمۇ راي فىقھىسىنىڭ ئورنى بولغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرىمىز. شۇ يەتتە فەقىھ مەدىنە فىقھىسىغا ۋەكىللىك قىلغان ئىكەن، گەرچە ئۇلارنىڭ فىقھىسى ئىراقتىكى بىلەن ئوخشاش مىقداردا بولمىسىمۇ ھەمدە ئىراق مېتودى ۋە ئىراق تەرىقىسى بويىچە بولمىسىمۇ، ئۇلارنىڭ فىقھىسى مەدىنەدىكى راي ۋە تەخرىج ئۈستىگە قۇرۇلغان فىقھنىڭ مىقدارىنى روشەن بايان قىلىپ بېرىدۇ.

بۇ يەتتىسىنىڭ ۋە ئۇلاردىن باشقىلىرىنىڭ ئىلمىنى ئىككى كىشى يۆتكىگەن. بىرى، ئىبنى شىھاب زۇھرىي بولۇپ، ئۇ تابىئىننىڭ كىچىكلىرىدىن سانىلىدۇ. يەنە بىرى، رايچى رەبىئە (رَبِيْعَةُ الرَّأْيِ). ئىمام مالىك ئىككىلىسىگە شاگىرت بولغان. ھەممىسىدىن ئاللاھ رازى بولسۇن!

[29] بۇ تارىخىي سىياقتىن تابىئىن دەۋرى بىلەن مۇجتەھىد ئىماملار دەۋرى ئوتتۇرىسىدىكى فىقھىي ئالاقە ئايدىڭلىشىدۇ. شۇنداقلا بۇنىڭدىن يەنە تابىئىن دەۋرىدە فىقھىي يۆنىلىشلەر شەكىللەنگەندىن كېيىن، تابىئىن دەۋرىنىڭ فىقھىي مەزھەبلەرنىڭ شەكىللىنىش دەۋرى بىلەن كىرىشىپ كېتىدىغانلىقى ئايدىڭلىشىدۇ.

يۇقىرىدا ئىشارە قىلغىنىمىزەك، ئىسلامىي پىرقەلەرنىڭ شەكىللىنىشى سەۋەبىدىن ھەمدە بەتنىيەت كىشىلەرنىڭ ئىسلامغا يالغاندىن كىرىشى سەۋەبىدىن، تابىئىن دەۋرىدە رەسۇلۇللاھ نامىدىن يالغان ئېيتىش كۆپەيدى، لېكىن تابىئىن ئىچىدە ئالغان ئىلمىنىڭ مەنبەلىرى ئېنىق، مۇراجىئەت قىلىشقا ۋە ئىلىم ئېلىشقا لايىق ئىماملار بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ھادىسە تابىئىن دەۋرىگە تەسىر كۆرسىتەلمىدى. چۈنكى، ئىلىم ئالغان بۇلاق زىلال بولۇپ، دۇغلانمىغان ئىدى. چۈنكى، ئىلىم ئالغان مەنبە پاكىز بولۇپ، مەينەت ئەمەس ئىدى.

لېكىن، تەبەئى تابىئىن ۋە ئۇلاردىن كېيىن كەلگەنلەرنىڭ دەۋرىدە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە يالغان چاپلاش دولقۇنى بارغانچە ئۇلغايدى ھەم ئۇنىڭ سەۋەبلىرىمۇ كۆپەيدى. قازى ئىياز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە يالغان چاپلاشنىڭ سەۋەبلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئېيتقانكى:

«ئۇلار نەچچە تۈرلۈكتۇر. ئۇلارنىڭ ئىچىدە رەسۇلۇللاھ ئەسلا دېمىگەن گەپنى توقۇپ چىقىدىغانلار بار. مەقسەتلىرى يا ئۆزلىرىنىڭ مۇددىئاسىنى ئالغا سۈرۈش ۋە كىشىلەرنى ئالداش بولۇپ، بۇنىڭ تىپىك مىسالى زىندىقلار ۋە ئۇلارغا ئوخشاشلاردۇر. ياكى مەقسەتلىرى ئۆزلىرىنىڭ گۇمانىچە ساۋاب تېپىش ۋە دىندارلىق قىلىش بولۇپ، بۇنىڭ تىپىك مىسالى پەزىلەتلىك ئەمەللەرگە تەرغىب قىلىش ئۈچۈن ھەدىسلەرنى توقۇغان چوڭ ئابىدلاردۇر. ياكى مەقسەتلىرى باشقىلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىش ۋە نام تېپىش بولۇپ، بۇنىڭ تىپىك مىسالى مۇھەددىسلەرنىڭ پاسىقلىرىدۇر. ياكى مەقسەتلىرى مۇتەئەسسىبلىك قىلىش ۋە مۇنازىرىلىشىش بولۇپ، بۇنىڭ تىپىك مىسالى بىدئەتچىلەرنىڭ چاقىرىقچىلىرى ۋە مەزھەب مۇتەئەسسىبلىرىدۇر. ياكى مەقسەتلىرى دۇنياپەرەسلەرنىڭ ھاۋايى – ھەۋەسلىرىگە ماسلىشىپ، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىغا ئۆزرە تېپىپ بېرىشتۇر. بۇ تەبىقىلەرنىڭ ھەربىرىنىڭ ئەھۋالى ھەقىقەتەن راۋىيلار ئىلمى (عِلْمُ الرِّجال) مۇتەخەسسىسلىرىگە ئايدىڭ بولغان. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ھەدىسنىڭ مەتنىنى توقۇمايدۇ، لېكىن گاھىدا زەئىف مەتنىگە مەشھۇر سەھىھ ئىسنادنى توقۇپ قويىدۇ، بەزىلىرى ئىسنادلارنى ئالماشتۇرىدۇ، ياكى ئىسنادلارغا باشقا ئىسنادلارنى قوشىدۇ. ئۇلار يا باشقىلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىش، يا ئۆزىدىن مەجھۇللۇقنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن قەستەن شۇنداق قىلىدۇ. بەزىلىرى يالغان ئېيتىپ، ئاڭلىمىغاننى ئاڭلىغانلىقىنى، ئۇچراشمىغان ئادەملەر بىلەن ئۇچراشقانلىقىنى دەۋا قىلىدۇ ۋە شۇلاردىن ئۇلارنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى سۆزلەيدۇ. بەزىلىرى ساھابەلەر ۋە ئۇلاردىن باشقىلارنىڭ سۆزلىرىنى، ئەرەبلەرنىڭ ۋە ھۆكۈمالارنىڭ ھېكمەتلىرىنى قەستەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە چاپلاپ قويىدۇ»(3).

بىز بۇ ئامىللارنىڭ ھەممىسىنى تەبەئى تابىئىن دەۋرىدە ۋە فىقھىي مەزھەبلەرنىڭ شەكىللىنىش دەۋرىدە مەۋجۇد بولغان دېيەلمەيمىز. چۈنكى، ئۇ ئامىللارنىڭ بەزىسى كېيىن مەۋجۇد بولغان. لېكىن، شۇنىسى ئېنىقكى، ئۇ ئامىللارنىڭ كۆپى تەبەئى تابىئىن ۋە مۇجتەھىد ئىماملار دەۋرىدە پەيدا بولغان. تابىئىن دەۋرىدە پەيدا بولغان ئامىللاردىن بىرى زىندىقلىق. زىندىقلىق ئىككىنچى ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا كۆپەيگەن. شۇنىڭدەك يەنە بىدئەتچىلىك. بىدئەتچىلىككە خاۋارىجلار، شىئەلەرنىڭ ئاشقۇنلىرى ۋە باشقىلاردەك خىلمۇخىل پىرقەلەر ۋەكىللىك قىلغان. ھەتتا بەزى خاۋارىجلار بۇ ئېقىمدىن تەۋبە قىلىپ ئېيتقانكى: «پەيغەمبىرىڭلارنىڭ ھەدىسلىرىنى تەكشۈرۈڭلار. چۈنكى، بىز ھەرقاچان بىر ئىشنى تارقاتماقچى بولساق، شۇ ئىش ئۈچۈن بىر ھەدىسنى سۆزلەپ چىقاتتۇق». دۇنياپەرەسلەرنىڭ ھاۋايى – ھەۋەسلىرى ئۇمەۋىيلەر دەۋرىدىمۇ مەۋجۇد ئىدى. ئۇمەۋىيلەرنىڭ بەزى ھۆكۈمدارلىرى قەلبىدە دىندىن ھېچبىر نېسىۋىسى يوق، ئۇمەۋىيلەر ئۈچۈن (پەيغەمبەر نامىدىن) يالغان ئېيتىشتىن يانمايدىغان كىشىلەرنى ئۆزلىرىگە يېقىن تۇتاتتى ۋە ئاخىرىتىنى ئۆزىنىڭ دۇنياسىغا ۋە ئۇمەۋىيلەرنىڭ دۇنياسىغا ساتىدىغان كىشىلەرنى مەنئى قىلمايتتى.

[30] بۇ دولقۇننىڭ بۇ ھېكمەتلىك دىنغا ۋە قىيامەت كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان نۇرلۇق ئىسلام مىراسلىرىغا كەلتۈرىدىغان خەتىرى قانچىلىك بولسا، بۇ خەتەرنى يوقىتىش ۋە ئىسلامنى دۇغلاردىن ساپ تۇتۇش ئۈچۈنمۇ شۇنچىلىك ئىنايەت كۆرسىتىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئالىملار بۇ ھادىسە باشلانغاندىن تارتىپ تەتقىقات ۋە تەكشۈرۈشكە، مۇسۇلمانلارنىڭ مەنىۋى مىراسى بولغان فىقھنى ئۇنىڭدىن ھىمايە قىلىشقا يۈزلەندى. ئالىملار ئىككى خىل يۈزلىنىشتە بولدى. ئىككىلىسى ئىسلام مىراسلىرىنى قوغداش، ئۇنى پاكىز تۇتۇش ۋە ئۇنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا ساغلام ۋە نۇرلۇق ھالەتتە قالدۇرۇش ئۈچۈن ئىدى.

بىرىنچى يۈزلىنىش: ياخشى بىلەن ياماننىڭ ئايرىلىشى ئۈچۈن، ئالىملارنىڭ راست رىۋايەتلەرنى ئىلغاپ، راست رىۋايەتلەرنى ساختىلىرى ئارىسىدىن ئايرىپ چىقىشقا يۈزلىنىشى. ئالىملار ھەدىسلەرنىڭ راۋىيلىرىنى تەتقىق قىلدى، ئۇلارنىڭ ئەھۋاللىرى بىلەن تونۇشۇپ، ئۇلار ئىچىدىكى ئەستە تۇتۇشى ياخشى ۋە ئەقلى – ھوشى جايىدا بولغان ئىشەنچلىكلەرنى تونۇدى ۋە ئۇلارنى راستلىقتا بىرقانچە دەرىجە قىلدى. ئاندىن ئۇلار ھەدىسلەرنى تەتقىق قىلىپ، ھەدىسلەرنى بۇ دىننىڭ ئوپئوچۇق پرىنسىپلىرى بىلەن ۋە راستلىقىدا ھېچكىم شەك قىلمايدىغان مۇتەۋاتىر ۋە مەشھۇر ھەدىسلەر بىلەن دەڭسىدى. ئەگەر ئۇلار ھەدىسلەرنىڭ شۇ پرىنسىپلار ۋە شۇ مەشھۇر ھەدىسلەرگە زىت كېلىدىغانلىقىنى بايقىسا، ئۇنداق ھەدىسلەرنى رەت قىلدى. ئاندىن بۈيۈك ئىماملار سەھىھ ھەدىسلەرنى توپلاپ يېزىشقا يۈزلىنىپ، ئىمام مالىك «مۇۋەتتا»نى يازدى، سۇفيان ئىبنى ئۇيەينە ‏«ئەلجامىئۇ فىسسۈنەنى ۋەلئاداب (الْجَوَامِعُ فِي السُّنَنِ وَالْآدَابِ)»نى توپلىدى، سۇفيان سەۋرىي «ئەلجامىئۇل كەوبىر فىلفىقھى ۋەلئەھادىيس (‏الْجَامِعُ الْكَبِيْرُ فِي الْفِقْهِ وَالْأَحَادِيْثِ)»نى يازدى. ئەبۇ ھەنىفەنىڭ شاگىرتى ئىمام ئەبۇ يۈسۈف «ئەسەرلەر (الْآثَارُ)»نى توپلىدى. ئۇ بۇنى ئەبۇ ھەنىفەدىن رىۋايەت قىلغان.

ئالىملار ھەدىسلەرنىڭ ئىسنادلىرىنى بايان قىلىشقا باشلىدى. بۇرۇن راۋىيلار تونۇشلۇق بولغانلىقى ھەم راستچىللىق ۋە ئادىللىقتا مەشھۇر بولغانلىقى ئۈچۈن ھەمدە ئۇ چاغلاردا بىدئەتلەر كەڭ تارقالمىغانلىقى ئۈچۈن، ئىسناد سۈرۈشتۈرۈلمەيتتى. ئىسناد ئوخشىمىغان ئىككى باسقۇچنى بېسىپ ئۆتتى:

بىرىنچى باسقۇچ: سەنەدنى مۇتتەسىل (ئۇلانغان) ھالەتتە سۆزلىمەسلىك باسقۇچى. بۇ، تابىئىن بىلەن ئۇچراشقان ئەبۇ ھەنىفە ۋە مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادەك ئىجتىھاد ئىماملىرىنىڭ دەۋرىدە بولغان. چۈنكى، ئۇلار تابىئىندىن تەلىم ئالغان، ئۇلار گەرچە كۆپىنچە ھالدا تابىئىننىڭ چوڭلىرىدىن ئەمەس، كىچىكلىرىدىن تەلىم ئالغان بولسىمۇ، تەبەئى تابىئىندىن سانىلىدۇ. شۇڭا، بۇ ئىماملار سەنەدنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە مۇتتەسىل بولۇشىنى شەرت قىلمايتتى. شۇ جەھەتتىن، ئۇلار تابىئىنگە ئىشەنگەنلىكى، تابىئىننىڭ نەقىلنىڭ راستلىقىغا ئۆزى ئىشەنمىسە ھەدىسنى ھەرگىزمۇ مۇرسەل(4) رىۋايەت قىلمايدىغانلىقىغا يەنى ساھابەنىڭ ئىسمىنى تاشلىمايدىغانلىقىغا خاتىرجەم بولغانلىقى ئۈچۈن، تابىئىن: «رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن» دېسىلا، گەرچە ساھابەنىڭ ئىسمىنى سۆزلىمىسىمۇ، ھەدىسنى قوبۇل قىلاتتى. چۈنكى، ئۇلار ئۆزلىرىگە نەقىل قىلغان كىشىنىڭ ئىشەنچلىكلىكىگە تايىناتتى ھەمدە تابىئىن ئىچىدىكى شۇ ئىشەنچلىكلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەگەر ھەدىسنى بىرقانچە ساھابەدىن رىۋايەت قىلغان بولسا، ساھابەنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلماي رىۋايەت قىلىدىغانلىقىنى ئوچۇق ئېيتقانىدى. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ھەسەن بەسرىي — ئۇ تابىئىندىندۇر — مۇنداق دەيتتى: «تۆت ساھابە بىر ھەدىسكە جۇغلاشقاندا، ئۇ ھەدىسنى ساھابەنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلماي رىۋايەت قىلدىم». ئۇنىڭ يەنە مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان: «قاچانكى مەن سىلەرگە ›حَدَّثَنِيْ فُلَانٌ (پالانى ماڭا سۆزلەپ بەردى)‹ دېسەم، ئۇ پەقەت شۇ پالانىنىڭ ھەدىسىدۇر. ئەگەر ›قَالَ رَسُوْلُ اللهِ (رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېدى)‹ دېسەم، مەن ئۇ ھەدىسنى يەتمىش ياكى ئۇنىڭدىنمۇ جىق كىشىدىن ئاڭلىغان بولىمەن».

ئەئمەش مۇنداق رىۋايەت قىلغان: «مەن ئىبراھىمغا:

— ماڭا ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇدتىن بىر ھەدىس رىۋايەت قىلساڭ، ئۇنىڭ ئىسنادىنى دېگىن، — دېۋىدىم، ئۇ مۇنداق دېدى:

— مەن ‹حَدَّثَنِيْ فُلَانٌ عَنْ عَبْدِ اللهِ (پالانى ماڭا ئابدۇللاھتىن سۆزلەپ بەردى)› دېسەم، ھەدىسنى شۇ بىر كىشى رىۋايەت قىلىپ بەرگەن بولىدۇ. ئەگەر مەن: ‹قَالَ عَبْدُ اللهِ (ئابدۇللاھ دېدى)› دېسەم، ئۇ ھەدىسنى ماڭا بىردىن كۆپ ئادەم رىۋايەت قىلىپ بەرگەن بولىدۇ».

شۇ جەھەتتىن، ئىمام ئەبۇ ھەنىفەدە مۇرسەل رىۋايەت قىلىش كۆپ بولغان. مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس ئالىدىغان ئادەمگە كۆڭۈل بۆلەتتى ۋە ئۇنىڭدىن ئىسناد تەلەپ قىلمايتتى. ئۇ مۇنداق دەيتتى: «ئىلىم تۆت خىل كىشىدىن ئېلىنمايدۇ، ئۇنىڭدىن باشقىسىدىن ئېلىنىدۇ. ئەقىلسىزدىن ئېلىنمايدۇ، ئۆزىنىڭ بىدئىتىگە چاقىرىدىغان ھاۋايى – ھەۋەس ئەھلىدىن ئېلىنمايدۇ، كىشىلەرگە يالغان سۆزلەيدىغان يالغانچىدىن ئېلىنمايدۇ، گەرچە ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسىگە يالغانچىلىق قىلمىغان تەقدىردىمۇ. يەنە ئۆزى سالىھ، ئابىد شەيخ بولسىمۇ، ئۆزى يەتكۈزىدىغان ۋە كىشىلەرگە سۆزلەپ بېرىدىغان نەرسىنى بىلمىسە، ئۇنىڭدىنمۇ ئېلىنمايدۇ».

ئىمام مالىك ئۆزىگە ھەدىس رىۋايەت قىلغان كىشىدىن خاتىرجەم بولسا ۋە ئۇ كىشى مۇشۇ تۆت خىلدىن بولمىسا، ئۇنىڭدىن نەقىلنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ نەقلىگە تايىنىدۇ.

ئىسنادنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى: ئاۋۋالقى مۇجتەھىدلەر دەۋرى تۈگەپ ئۇلارنىڭ زامانى ئۇزاقلاشقانچە، كىشىلەر ئارىسىدا يالغانچىلىق يېيىلغانىدى. چۈنكى، كېيىنچە ھەدىس ئۆگەنگەنلەر ھەدىسنى تابىئىندىنمۇ ۋە تەبەئى تابىئىندىنمۇ ئۆگەنمىگەن. كېيىنكى تەبەئى تابىئىن رىۋايەتنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن ھەدىستە سەنەدنىڭ مۇتتەسىل (يەنى رەسۇلۇللاھقىچە ئۇلانغان) بولۇشىنى شەرت قىلغانىدى. ئىككى شەيخ — ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ۋە ئىمام مالىكتىن كېيىن كەلگەن ئىمام شافىئىي ساھابە تىلغا ئېلىنمىغان «مۇرسەل ھەدىس»نىمۇ، سەنەد تەبىقىلىرىنىڭ قانداق بىر يېرىدە ئۈزۈكچىلىك بولغان «مۇنقەﺗﯩﺌ ھەدىس»نىمۇ مۇتلەق قوبۇل قىلمىغانىدى، بەلكى ئۇ «مۇرسەل ھەدىس»نى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن مۇنداق ئىككى شەرتنى قوياتتى:

بىرىنچى: ساھابەنىڭ ئىسمىنى سۆزلىمەي مۇرسەل رىۋايەت قىلغان كىشى كۆپ ساھابەلەرنى كۆرگەن چوڭ تابىئىندىن بولۇشى، مەسىلەن سەئىد ئىبنى مۇسەييەبتەك.

ئىككىنچى: «مۇرسەل ھەدىس» ئۈچۈن ئۇنى كۈچەيتىدىغان بىر كۈچەيتكۈچى بولۇشى. بۇ كۈچەيتكۈچىلەر تۆۋەندىكىچە:

(ئا) ئۇنىڭ مەنىسى باشقا بىر يول بىلەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئىسناد قىلىنغان بولۇشى.

(ب) ياكى ئەھلى ئىلىملەر قوبۇل قىلغان ۋە باشقا بىر يول بىلەن رىۋايەت قىلىنغان ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر «مۇرسەل ھەدىس» بولۇشى. شۇ چاغدا بۇ قوبۇل قىلىنىدۇ، لېكىن بۇ بىرىنچىسىدىن زەئىفرەك بولىدۇ. چۈنكى، بىرىنچىسى لەفزەن «مۇرسەل ھەدىس» بولسىمۇ، مەنەن مۇسنەدتۇر.

(س) ياكى ئۇ ساھابەنىڭ سۆزى بىلەن كۈچلىنىشى. چۈنكى، ساھابەنىڭ بۇ سۆزى مەزكۇر «مۇرسەل ھەدىس»نىڭ بەزى ساھابەلەر قوبۇل قىلغان بىر ئەسلى بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ دەرىجىسى ئالدىدىكىسىدىن تۆۋەندۇر.

(د) ياكى ئۇنى قوبۇل قىلغان ۋە شۇ بويىچە پەتۋا بەرگەن بىر بۆلۈك ئەھلى ئىلىملەرنىڭ بولۇشى. مەسىلەن، ‏«لَا وَصِيَّةَ لِوَارِثٍ / مىراسخورغا ۋەسىيەت قالدۇرۇش يوق» دېگەن ھەدىس(5) «مۇرسەل» بولۇپ، ئالىملار ئۇنى قوبۇل قىلغان.

مۇشۇ ئىككى شەرت تېپىلمىسا، ئىمام شافىئىي «مۇرسەل ھەدىس»نى قوبۇل قىلمايدۇ. ئىككى شەرت تولۇقلانغان ھالەتتىمۇ، «مۇرسەل ھەدىس» مۇتتەسىل مۇسنەدتىن تۆۋەن دەرىجىدە تۇرىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭغا بىر مۇسنەد تاقىشىپ قالسا، شۇ كۈچەيتكۈچىلەر بار تەقدىردىمۇ رەت قىلىنىدۇ.

بۇ ئىمام شافىئىينىڭ دەۋرىدىكى ئەھۋال. شۇنىڭدىن كېيىن ئىمام ئەھمەدنىڭ دەۋرى ۋە چوڭ ھەدىس توپلاملىرىنىڭ دەۋرى كېلىپ، «مۇرسەل ھەدىس»نىڭ دەرىجىسى تېخىمۇ زەئىفلىدى. ئىمام ئەھمەد ئۇنى «زەئىف» ھەدىسلەر قاتارىدىن سانىدى، ئۇنى پەقەت ئىسنادى مۇتتەسىل ھېچبىر ھەدىس تېپىلمىغاندا ئاندىن تۇتاتتى. سىھاھ ۋە سۈنەن مۇسەننىفلىرى بولغان مۇھەددىسلەر مۇشۇ يولنى تۇتتى، ھەتتا ئىمام نەۋەۋىي «ئەتتەقرىبۇ ۋەتتەيسىر (التقريب والتيسير)»تا ئۇنىڭ كۆپچىلىك فۇقەھائ‍، مۇھەددىسلەر ۋە ئۇسۇلۇلفىقھ ئالىملىرىنىڭ رايى ئىكەنلىكىنى دېگەن ھەمدە «مۇرسەل ھەدىس»نى رەت قىلىش ۋە ئۇنى «زەئىف» دەپ قاراشنىڭ سەۋەبى ھەققىدە «مۇرسەل ھەدىس»نى رىۋايەت قىلغان كىشى بىلەن رەسۇلۇللاھ ئوتتۇرىسىدىكى راۋىينىڭ مەجھۇل ئىكەنلىكى، مەجھۇل كىشىنىڭ رىۋايەتىنىڭ رەت قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان((6).

شۈبھىسىزكى، «مۇرسەل ھەدىس» ھەققىدىكى بۇ بىرقاتار ئىشلار ئالىملارنىڭ پەقەت ئۆز زامانداشلىرى ئارىسىدا راستچىللىق، ئىشەنچ، ئىدراك، ئەستە تۇتۇش بىلەن تونۇلغان ئادىل كىشىدىن باشقا كىشىنىڭ رىۋايەتىنى قوبۇل قىلماسلىق ئۈچۈن، ئىسنادنى تەكشۈرۈش ۋە ھەربىر سەنەدنىڭ راۋىيلىرىنىڭ ئەھۋالىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش ئارقىلىق سۈننەتنى پاكىز تۇتۇشقا قانچىلىك تىرىشقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ چارە ئىشقا ياراپ، ھەدىسلەرنىڭ ئارىسىغا رەسۇلۇللاھ دېمىگەن نەرسىلەرنى يوشۇرۇن كىرگۈزۈپ قويغانلارنىڭ يولى ئېتىلگەن ئىدى.

[31] مانا بۇ بىرىنچى يۈزلىنىش بولۇپ، بۇ يۈزلىنىش ئىسلامچە ئىسىملار بىلەن ئاتالغان، ياكى ئىسلامنىڭ بەربات بولۇشىنى كۆزلىگەن ھالدا ئىسلامغا كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان، ئاندىن رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامغا يالغان چاپلىغان بەزى كىشىلەرنىڭ ئازغۇنلۇقىنىڭ نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن يۈزلىنىشتۇر. ئالىملارنىڭ ساختا بىلەن راستنى بىلىش ئۈچۈن قانداق پۇختا ئۆلچەملەرنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى كۆرۈپ ئۆتتىڭىز.

ئىككىنچى يۈزلىنىشكە كەلسەك، ئۇ راي بىلەن پەتۋا بېرىشتۇر. ئۇ ئەلبەتتە ئىسلامىي ئىلىم تەقەززا قىلىدىغان بىر زۆرۈرىيەتتۇر. شۇڭا، شەھرىستانىي كىتابى «ئەلمىلەل ۋەننىھەل»دە ئېيتقانكى: «شۈبھىسىزكى، ئىبادەت ۋە ئىش – پائالىيەتلەردە بولىدىغان ھادىسە ۋە ۋەقەلەر ساناپ تۈگەتكۈسىزدۇر. بىزگە شۇ ئېنىق مەلۇمكى، ھەربىر ھادىسە ھەققىدە بىردىن نەس كەلمىگەن ھەم بۇنى تەسەۋۋۇرمۇ قىلغىلى بولمايدۇ. نەسلەر چەكلىك، ۋەقەلەر چەكسىز ئىكەن، شۇنداقلا چەكسىز نەرسىنى چەكلىك نەرسە تىزگىنلىيەلمىگەن ئىكەن، شۇ ئېنىقلىشىدۇكى، ئىجتىھاد ۋە قىياسنى ئېتىبارغا ئېلىش ۋاجىبتۇر، شۇنداق قىلغاندا، ھەربىر ھادىسىنىڭ قارشىسىدا بىردىن ئىجتىھاد بار بولىدۇ»(7).

شۇ جەھەتتىن، ساھابەلەرنىڭ دەۋرىدە، ئاندىن تابىئىننىڭ دەۋرىدە رايغا ئورۇن بېرىلگەن ۋە تابىئىن دەۋرىدە خىلمۇخىل فىقھىي يۆنىلىشلەر مەيدانغا كەلگەن. گەرچە مىقدارلىرى ئوخشىمىسىمۇ ۋە مېتودلىرى پەرقلىق بولسىمۇ، ھەربىر يۆنىلىشتە «راي» بار ئىدى.

تەبەئى تابىئىن دەۋرىگە تۇتاش بولغان ئەھلى مەزھەب ئىماملارنىڭ دەۋرى كېلىپ، «راي» بىلەن ئىجتىھاد قىلىش كۆپەيدى، ھادىسىلەر كۆپ بولغاچقا، مۇشۇنداق بولۇشى كېرەك ئىدى. «راي»غا مەدىنەدىمۇ ۋە ئىراقتىمۇ ئورۇن بېرىلدى. مانا مۇشۇ ئىككى مەيداندا فىقھ روشەن جۇلالىدى. گەرچە ئۇ ئىككى يەردىن باشقا يەرلەردىمۇ فىقھ بار بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئىككى يەردىن تۆۋەن دەرىجىدە ئىدى. يۇقىرىدا دېگىنىمىزدەك، «راي» مەدىنەدىكىدىن ئىراقتا كۆپرەك بولغانىدى. بىز ئەمدى مەدىنە فىقھىسى بىلەن ئىراق فىقھىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپنى مۇنداق تۆت جەھەتتىن يىغىنچاقلايمىز:

1. مەدىنەلىكلەردە ئەبۇبەكرى، ئۆمەر، ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇملارنىڭ (قازىلىق سۈپىتى بىلەن چىقارغان) ھۆكۈملىرى ۋە ئۇلارنىڭ پەتۋالىرى ھەم زەيد ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ، مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ پەتۋالىرى، ئەبۇ ھۇرەيرە، ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي ۋە ئۇندىن باشقا زاتلارنىڭ رىۋايەتلىرى بار ئىدى. ئىراقلىقلاردا بولسا ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسلىرى ۋە پەتۋالىرى، ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ (قازىلىق سۈپىتى بىلەن چىقارغان) ھۆكۈملىرى ۋە پەتۋالىرى، ئەبۇ مۇسا ئەشئەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ (قازىلىق سۈپىتى بىلەن چىقارغان) ھۆكۈملىرى ۋە پەتۋالىرى، شۇرەيھنىڭ (قازىلىق سۈپىتى بىلەن چىقارغان) ھۆكۈملىرى ۋە بۇلاردىن باشقا ئىراقتا تۇرغان ساھابە، تابىئىننىڭ ئەسەرلىرى بار ئىدى.

2. مەدىنەلىكلەرنىڭ ئەسەر بايلىقى كۆپرەك ئىدى. ئۇنداق بولغانىكەن، ئۇنىڭغا تايىنىشمۇ كۆپرەك بولىدۇ ھەمدە ساھابەلەرنىڭ ھۆكۈملىرى ۋە ئۇلارنىڭ مەسىلىلىرىدىن تەركىب تاپقان ئەسەر فىقھىسىنىڭ ماددىسىمۇ مول بولىدۇ. ئەسەرلەر ئۈستىگە قۇرۇلغان «راي»لار پۇختىراق ۋە مەزمۇتراقتۇر.

3. مەدىنەدىكى مۇجتەھىدلەرنىڭ نەزەرىدە تابىئىننىڭ پەتۋالىرى مەرتىۋە ۋە ھۆرمەتكە ئىگە ئىدى ۋە كۆپ ھاللاردا ئۇلارنىڭ پەتۋالىرىغا ئەگىشەتتى. بۇ ئەگىشىش ۋاجىبلىق تەرىقىسىدە بولمىسىمۇ، ئەۋزەللىك تەرىقىسىدە ئىدى. ئەمما، ئىراق فىقھىسىدا تابىئىننىڭ رايلىرى بۇ خىل مەرتىۋىگە ئىگە ئەمەس ئىدى. ئەگەر ئىراق فىقھىسى كۆپ ھاللاردا تابىئىننىڭ رايلىرى بىلەن ئۇيغۇنلاشقان بولسا، بۇ ئۇيغۇنلىشىش فىقھىي يۆنىلىشلەر پەيدا قىلغان پىكرىي ئورتاقلىق سەۋەبىدىندۇر، نوقۇل ئەگىشىش سەۋەبىدىن ئەمەس.

4. يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەن ئىشتۇر، يەنى ئىراقتىكى «راي»دا قىياسقا تايىنىلاتتى. ھىجازدىكى «راي» بولسا دۆلەت ئىشلىرىدا مەسلەھە بىلەن ئىجتىھاد قىلغان ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئەگەشكەنلىكتىن، ھىجازدىكى «راي»نىڭ كۆپىنچىسى مەسلەھەنى ئاساس قىلاتتى.

 

ئىسلام مەزھەبلىرى تارىخى/ تاريخ المذاهب الإسلامية؛ ئىمام مۇھەممەد ئەبۇ زەھرە؛ مۇھەممەد قاۋۇل قاراخانىي تەرجىمىسى؛ ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى


1. مۇئەللىف رەھىمەھۇللاھ ئۆزىنىڭ «ئەبۇ ھەنىفە» ناملىق كىتابىدا، شۇنداقلا ئىمام سۇيۇتىي «تەبيىيزۇسسەھىفە (تبييض الصحيفة في مناقب الإمام أبي حنيفة)» ناملىق كىتابىدا ئېيتقاندەك، راۋىيلار بىردەك ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ ئۇزۇن ياشىغان بەزى ساھابەلەر بىلەن ئۇچراشقانلىقىنى رىۋايەت قىلغان. ئالىملار «تابىئىن»غا ھەرخىل تەرىپ بەرگەن بولۇپ، بەزىلىرى: «تابىئىن – ساھابەگە ھەمراھ بولمىغان تەقدىردىمۇ، مۇسۇلمان ھالدا ساھابە بىلەن ئۇچراشقان كىشىدۇر» دېگەن. بۇ تەرىپ بويىچە ئىمام ئەبۇ ھەنىفە تابىئىن ھېسابلىنىدۇ. يەنە بەزىلىرى: «ساھابە بىلەن ئۇچراشقان بولۇش كۇپايە قىلمايدۇ، بەلكى ساھابەگە بىر مۇددەت ھەمراھ بولۇش ۋە ئۇنىڭدىن تەلىم ئېلىش لازىم» دېگەن. بۇ بويىچە ئىمام ئەبۇ ھەنىفە تابىئىن ھېسابلانمايدۇ. مۇئەللىف بۇ يەردە ئىككىنچى تەرىپنى ئاساس قىلغان.
2. ئىبنۇلقەييىم: «ئىئلامۇل مۇۋەققىئىن»، 1/28.
3. شەيخ مۇھەممەد خۇزەرىي: «تارىيخۇت تەشرىئىل ئىسلامىي»، 116، 117 – بەت.
4. مۇرسەل ھەدىس (الْحَدِيْثُ الْمُرْسَلُ): ئەرەبچىدە «ئەۋەتمەك، يوللىماق ۋە مەيلىگە قويۇۋەتمەك» دېگەن مەنىلەردىكى «إِرْسَالٌ» كەلىمەسىدىن «قويۇۋېتىلگەن» مەنىسىدە تۈرلەنگەن بولۇپ، مۇھەددىسلەرنىڭ ئىستىلاھىدا بىرقانچە مەنىدە قوللىنىلغان. مەشھۇر ئىستىلاھتا: «تابىئىننىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە نىسبەت بەرگەن ھەدىسى»دۇر. بەزىلەر چوڭ تابىئىن بولۇشىنى شەرت قىلىشىدۇ. يەنە بىر ئىستىلاھتا: «ئىسنادىدا ساھابە ياكى باشقا راۋىيلىرىدىن بىرى زىكىر قىلىنمىغان ھەدىس». بۇنىڭغا ئاساسەن «مۇرسەل» بىلەن «مۇنقەﺗﯩﺌ» ئوخشاش. يەنە بىر ئىستىلاھتا: «ساھابە بولمىغان راۋىينىڭ ‹رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېدى› دەپ رىۋايەت قىلغان ھەدىسى»دۇر. ئالىملاردىن ئىمام مالىك، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ۋە ئىمام ئەھمەدلەر «مۇرسەل ھەدىس ھۆججەت» دەپ قارىسا، ئەھلى ھەدىسنىڭ خېلى كۆپ قىسمى مۇرسەلنى زەئىف ھەدىسلەر قاتارىغا تىزىدۇ. ئىمام شافىئىي «بىرقانچە شەرتلەر تېپىلسا ھۆججەت» دەپ قارايدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «ھەدىس شەرىف ئىلىملىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 676 – 678 – بەت؛ دوكتور نۇرىددىن ئىتر: «مَنْهَجُ النَّقْدِ فِي عُلُوْمِ الْحَدِيْثِ (مەنھەجۇننەقد)»، 369 – بەت.

5. ئەبۇ داۋۇد (2870). ئالبانىي: «ھەسەن ۋە سەھىھ» دېگەن. ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەتى.
6. نەۋەۋىي: «ئەتتەقرىبۇ ۋەتتەيسىر (التقريب والتيسير)»، 35 – بەت، دارۇل كىتابىل ئەرەبىي، بېيرۇت.
7. شەھرىستانىي: «ئەلمىلەلۇ ۋەننىھەل»، 1/210.

Please follow and like us: