فىقھىي مەزھەبلەر تارىخى — مۇقەددىمە

فىقھىي مەزھەبلەر تارىخى — مۇقەددىمە

ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﺷﻪﭘﻘﻪﺗﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﻣﯧﮭﺮﯨﺒﺎﻥ ﺋﺎﻟﻼﮪﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ (باشلايمەن)

 

مۇقەددىمە

بەرگەن نېئمەتلىرىڭ ئۈچۈن، ساڭىدۇر جىمى ھەمدۇسانا ۋە شۈكۈر. بەرگەن تەۋپىقىڭ ئۈچۈن، ساڭىدۇر جىمى پەزل ۋە كەرەم. ساڭىلا يېلىنىمىز، سەن ئۈچۈنلا ئەمەل قىلىمىز ۋە سەندىنلا ياردەم سورايمىز. بىزدىن سادىر بولغان ھەر ياخشىلىق سېنىڭ تەۋپىقىڭ ۋە پەزلىڭ بىلەندۇر. بىزدىن سادىر بولغان ھەر يامانلىق نەفسىمىز ۋە يامان ئەمەلىمىز تۈپەيلىدىندۇر. سەن ھەر ئىككى ھالەتتە بىزگە كۆيۈنگۈچىدۇرسەن، سەن ئەپۇچان ۋە كەچۈرۈمچاندۇرسەن. ئەگەشكەن ئادەم ئازمايدىغان رەھمەت پەيغەمبىرى — مۇستافا پەيغەمبىرىڭگە، ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ۋە ئۇنىڭ ھىدايەت مەشئەللىرى بولغان ساھابەلىرىگە، شۇنداقلا تا قىيامەت كۈنىگىچە ئۇلارغا ياخشىلىق بىلەن ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇد ۋە سالام ئېيتىمىز.

مەقسەتكە كەلسەك، ئىسلامىي ئىلىملەرنى تارقاتقان ۋە ئۇ ھەقتە ئىجتىھاد قىلىپ ئەھكام يەكۈنلىگەن، شۇنداقلا ئىسلام دىيارلىرىنىڭ يىراق – يېقىن ھەممە يەرلىرىدە كۆپلىگەن ئەگەشكۈچىلىرى بولغان ئىسلام ئىماملىرىدىن سەككىز ئىمام ھەققىدە بىرقانچە كىتاب يېزىشقا ئاللاھ مېنى مۇۋەپپەق قىلدى. بۇ سەككىز ئىمامنى زامان تەرتىپى بويىچە تىلغا ئېلىپ ئۆتىمىز. ئۇلار: ئىمام زەيد ئىبنى ئەلى زەينۇلئابىدىن، ئىمام ئەبۇ ئابدۇللاھ جەئفەر سادىق ئىبنى مۇھەممەد باقىر، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە نوئمان ئىبنى سابىت، ئىمام مالىك ئىبنى ئەنەس، ئىمام مۇھەممەد ئىبنى ئىدرىس شافىئىي، ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، ئىمام ئىبنى ھەزم ئەندەلۇسىي ۋە ئىمام تەقىييۇددىن ئىبنى تەيمىييە قاتارلىقلار.

بۇ سەككىز كىتابتىكى فىقھ ئىلمى مەخسۇس فىقھ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مۇتەخەسسىسلەردىن باشقا كۆپ ئادەمگە ئېغىر كەلگەن ئىدى. شۇڭا، نورمال سەۋىيەدىكى ئوقۇغۇچىلارمۇ پايدىلىنالىشى ئۈچۈن ھەمدە يۇقىرى سەۋىيەدىكى ئوقۇغۇچىلارمۇ گەرچە ئۇلارنىڭ سەۋىيەسىدە بولمىسىمۇ مەلۇم پايدا ئالالىشى ئۈچۈن، نۇرغۇن كىشىلەر مەندىن بۇ كىتابلارنىڭ قىيىن يەرلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىشىمنى، غۇۋا يەرلىرىنى ئوچۇقلاشتۇرۇپ بېرىشىمنى، شۇنداقلا ئادەتتىكى كىشىلەرگە ئېغىر كەلمەيدىغان ۋە ئالاھىدە كىشىلەرنىڭ زوقىغىمۇ يات كەلمەيدىغان، چوڭلار كىچىك كۆرمەيدىغان، چەكلىك بولسىمۇ مەلۇم ئىسلامىي بىلىم ھازىرلىغان بولسا كىچىكلەرگىمۇ چۈشىنىش تەس بولمايدىغان دەرىجىدە، فىقھىي ئىستىلاھلار ئاز بولغان بىر ئىبارە بىلەن يېزىپ چىقىشىمنى تەلەپ قىلدى.

بۇ كىتابلارنىڭ تېخىمۇ كۆپرەك پايدىلىق بولۇشى، مۇتەخەسسىس ئەمەسلەرنىڭ سەلەفلەرنىڭ تۆھپىلىرىنى ۋە فىقھ دېڭىزىغا قانداق چۆككەنلىكىنى بىلىشى ئۈچۈن، تەلەپنى قوبۇل قىلماي تۇرالمىدىم. سەلەفلەر فىقھ دېڭىزىغا چۆككەنلىرىدە، ئۇلارنىڭ كىتاب، سۈننەت ۋە ساھابە فىقھىسىدىن باشقا ھازىرلىقى يوق ئىدى، ئۇلارنىڭ ئاللاھ بەرگەن پەم، ئۇلارنى نۇرلاندۇرغان ئىخلاس، ئۇلار ئۆزلىرىنى ئازغۇنلۇقتىن، ھاۋايى – ھەۋەسنىڭ شەررىدىن، شەيتاننىڭ ۋەسۋەسەلىرىدىن ساقلاش ئۈچۈن ساۋۇت ۋە قالقان قىلىپ ئىشلەتكەن تەقۋادارلىق ۋە پەرھىزكارلىقتىن باشقا قورال – ياراغى يوق ئىدى. نەتىجىدە ئۇلاردا توغرا بولغان فىقھىي ئىشلەپچىقىرىش ئېلېمېنتلىرى جەملەنگەن. ئۇ ئېلېمېنتلار بولسىمۇ: كىتاب، سۈننەت ۋە ساھابە فىقھىسىدىن ئىبارەت ئىسلامنىڭ بىرىنچى مەنبەلىرىگە چىڭ ئېسىلىش، ئىسلامىي ھەقىقەتلەرنىڭ تېگىگە يېتەلەيدىغان، ئۇنىڭدىن قېيىپ باشقا ياققا كەتمەيدىغان ئۆتكۈر نەزەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەقىل – ئىدراكىنى يورۇتقان ئىخلاس قاتارلىقلاردۇر. ھالبۇكى ئىخلاس قەلبلەرنىڭ نۇرىدۇر، ئەقىللەرنىڭ ماياكىدۇر.

بىز ئەنە شۇنداق قىلغاندىن كېيىن، بەزى ژۇرناللار بۇ بۈيۈك ئىماملارنىڭ بەزىسى ھەققىدىكى بىز يازغان قولاي قىسقارتمىلارنى نەشر قىلدى. يەنە باشقا ژۇرناللار مۇختەسەرلەردىن يۇقىرىراق، بىز توم – توم يازغان ئېنسىكلوپېدىيەلەردىن تۆۋەنرەك تەتقىقاتلارنى نەشر قىلدى. ئىككىلىسى بىزنىڭ قەلىمىمىز بىلەن يېزىلغانىدى. بىز بۇ كىتابنى ئېنسىكلوپېدىيەدىن تۆۋەنرەك، مۇختەسەردىن يۇقىرىراق، ئۇشبۇ ئىماملار ھەققىدىكى يازمىلارنىڭ ھەممىسىنى جۇغلىغان، ھېچبىرىنى ئايرىپ قويمىغان ھالەتتە يازىمىز.

شۈبھىسىزكى، بۇ بۈيۈك ئىماملار قاتارىغا شىئە ئىماملىرىدىن بولغان ئىمام زەيد بىلەن ئىمام سادىقنىمۇ كىرگۈزدۇق. چۈنكى، ئۇ ئىككىسى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ پاك نەسلىدىندۇر، ئۇلارنىڭ پەزىلىتى مەشھۇر بولۇپ تىللاردا داستاندۇر. بەزى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۇلارنى چەكتىن ئاشۇرۇپ ئۇلۇغلاشلىرى ئۇلارنىڭ ئورنىنى تۆۋەنلىتىپ قويالمايدۇ. شۇڭا، قەلبلەرنى بىرلەشتۈرۈش ئۈچۈن ۋە بۇ ئىككى ئىمامنىڭ سىيرىتىنى ئۇنىڭغا چاپلىشىپ قالغان خاتالاردىن تازىلاش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭمۇ تەرجىمىھالىنى سۆزلىشىمىز كېرەك بولدى.

كىمكى ئىماملارنىڭ فىقھىسى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتقا ئېرىشىشنى خاھلىسا، ئۇنىڭ ئالدىدا سەككىز پارچە كىتابىمىز تۇرۇپتۇ. كىمكى قىسقىچە بىلىشنى خاھلىسا، بۇ كىتابىمىز تۇرۇپتۇ.

ئاللاھتىن نەفسلىرىمىزنى مەغرۇرلۇق شەررىدىن ساقلىشىنى، ھەر يازغان، دېگەن ۋە قىلغانلىرىمىزدا مۇۋەپپەقىيەت بېرىشىنى ۋە بىزنى توغرا يولغا باشلىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمىز.

مۇھەممەد ئەبۇ زەھرە

 

فىقھىي مەزھەبلەر
كىرىش سۆز

 

[1] ئىسلام فىقھىسىنىڭ بىرىنچى مەنبەسى ئاللاھ تائالانىڭ كىتابى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ سۈننىتىدىن ئىبارەت نەسلەردۇر. چۈنكى، «قۇرئان» بۇ شەرىئەتنىڭ بارلىقىدۇركى، «قۇرئان» گەرچە شەرىئەتنىڭ كۆپىنچە فۇرۇئاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان بولسىمۇ، شەرىئەتنىڭ پۈتۈن قائىدە ۋە ئۇسۇللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سۈننەت مۇشۇ فۇرۇئاتلارنى تەپسىلىي بايان قىلغان ۋە ئۇنىڭ كۆپىنى كامىل ئىزاھلىغان ھەمدە ئىنسانلار دۇنياسىدا يېڭىدىن پەيدا بولىدىغان ھادىسىلەرنىڭ ئۇشبۇ نەسلەرگە تاياندۇرۇلۇشى ئۈچۈن بەلگىلەرنى قويۇپ قويغان. ھېچكىمنىڭ شەرىئەتنى بۇ ئىككى ئاساستىن ئايرىش ھەققى يوق. چۈنكى، ئۇ ئىككىسى شەرىئەتنىڭ تۈۋرۈكى ۋە مەنبەسىدۇر.

ئۇنداق بولۇشى بۇ شەرىئەت ئەگىشىش ۋاجىب بولغان بىر دىندۇر. ئۇ نوقۇل ئەقىل ياكى يالغۇز ئىنسانىي تەجرىبە ئۈستىگە قۇرۇلغان ئەمەس، بەلكى ئاسماندىن نازىل بولغان شەرىئەت بولۇپ، تا قىيامەتكىچە باقىيدۇر.

دىننىڭ بىرىنچى مەنبەسى دائىم نەقىلدۇر. شۇنداقتىمۇ، ئىسلام ئۆزىنىڭ بارلىق مەسىلىلىرىدە ئەقىلگە ئۇيغۇندۇر. ھەتتا بىر ئەئرابىي: «مۇھەممەد بىر ئىشنى ‹قىل!› دېگەن بولسا، ئەقىلنىڭ ‹قىلما› دېگەنلىكىنى كۆرمىدىم، مۇھەممەد بىر ئىشنى ‹قىلما!› دېگەن بولسا، ئەقىلنىڭ ‹قىل› دېگەنلىكىنى كۆرمىدىم» دېگەن.

دىننىڭ ئاساسى نەقىل بولغان ئىكەن ھەمدە ئىسلام شەرىئىتىمۇ بىر دىن بولغان ئىكەن، ئىسلام شەرىئىتىنىڭ ئاساسىمۇ نەقىل بولۇشى لازىم.

[2] شەكسىزكى، نەقلىي ھۆكۈملەرنى يەكۈنلەشتە ئەقىلنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق ئۆتەيدىغان خىزمىتى بار. لېكىن، ئەقىل پىكىر مەيدانلىرىدىن ئىككى مەيداندا خىزمەت قىلىدۇ: بىرى، شەرئىي نەسلەرنىڭ ئومۇمىسىدىكى مەقسەت ۋە غايىلەرنى تېپىپ چىقىش. بەلكى ئەقىل مەلۇم ھېكمەتلەر بىلەن كەلگەن ھەربىر شەرئىي نەستىكى ھېكمەتنى تېپىپ چىقىپ، قائىدە ياسايدۇ. بۇ ئارقىلىق قائىدىگە چۈشىدىغان ھەربىر مەسىلىگە ھۆكۈمنى تەتبىقلىغىلى بولىدۇ. ئاندىن ئەقىل يەكۈنلەنگەن خىلمۇخىل ھۆكۈملەرنىڭ قائىدىلىرىنىڭ يىغىندىسىدىن شەرىئەتنىڭ ئومۇمىي مەقسەتلىرىنى تېپىپ چىقىدۇ. بۇنىڭ ھەممىسى ئىنسانىي تەپەككۇرغا ئائىت ئىشلار بولۇپ، ئەقىل مۇشۇلاردا خىزمەت قىلىدۇ.

ئىككىنچى مەيدان: ھېچبىر نەس تېپىلمىغان مەسىلىلەردىكى ئىزدىنىشلەر. چۈنكى، ھادىسىلەر چەكسىزدۇر، نەسلەر چەكلىكتۇر. شۇڭا، نەس كەلگەن مەسىلىلەرنىڭ ياردىمىدە، نەس كەلمىگەن مەسىلىلەرنىڭ ھۆكۈملىرىنى چىقىرىش لازىم بولىدۇ. شۇ ئارقىلىق بۇ ئىككى ساھە بىر – بىرىگە باغلىنىشلىق بولىدۇ.

فىقھىي مېتودلار پەرقلىق بولۇشى مۇمكىن. ئەمما، ھەممىسى نەس بايرىقى ئاستىدا سايىدىغۇچىدۇر، ھەممىسى نەسنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن چىقمايدۇ ۋە نەسنىڭ دائىرىسىدىن ھالقىمايدۇ. بەزى فۇقەھائ‍ نەسلەرنىڭ ھۆكۈملىرى بىلەن، نەس ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغان يېڭىدىن پەيدا بولغان ھادىسىلەرنى ۋە فەقىھ نەسلەردىن يەكۈنلەپ چىقىرىدىغان، «ئىللەت»(1)لەر دەپ ئاتىلىدىغان زابىتە(2)لەرنى ئۆزئارا سېلىشتۇرۇش بىلەن كۇپايىلەنگەن. فەقىھ ئالدى بىلەن نەسلەرنىڭ ھۆكۈملىرىنى ھۆكمى توغرىسىدا نەس كەلمىگەن ھادىسىلەرگە تەتبىقلاشتا ئوبدان ئويلىنىپ، نەسنىڭ ئىللىتىنى تېپىۋالىدۇ. ئاندىن ھۆكمى توغرىسىدا نەس كەلمىگەن ھادىسىگە بۇ ئىللەتنىڭ ئۇيغۇن كېلىشى ئۈچۈن، ئۇ ھادىسىنىڭ سالاھىيىتى ھەققىدە ئويلىنىدۇ. بۇ ئۇسۇل «سېلىشتۇرۇش / قىياس ئۇسۇلى» دەپ ئاتىلىدۇ.

يەنە بەزى فۇقەھائ‍ مۇشۇ قىياسنى تۇتۇش بىلەن بىللە، «ئىنساننىڭ مەسلەھەسى / مەنپەئەتى»دىن ئىبارەت شەرىئەتنىڭ ئومۇمىي مەقسەتلىرىنى تۇتقان. دېمەك، ئۇلار شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىگە مۇناسىپ كېلىدىغان، شەرىئەتنىڭ ئەھكاملىرىغا زىت كەلمەيدىغان، خاس بىر ھەرەجنى يوقىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەسلەھە(3)نى تۇتقان.

يەنە بەزىلىرى نەس يوق يەردە ئەقىلنى ھەكەم قىلغان. ئەقىل زاتەن مەسلەھەگە يېتەلەيدۇ.

[3] دېمەك، شەرىئەت ئەھكامىنى ۋە ئىجتىھاد ئوبيېكتىنى تونۇپ يېتىش ئۈچۈن، ئىجتىھاد قىلىش كېرەك بولغان. مانا بۇ بىز يۇقىرىدا ئىشارەت قىلغان ئىككى مەيداندۇر. ئىجتىھادنىڭ بۇ ئىككىسىدىن باشقا يەنە ئۈچىنچى بىر مەيدانى بار. ئۇ بولسىمۇ، نەسلەرنىڭ لەفزلىرىدىن نەسلەرنىڭ مەنىلىرىنى تونۇپ يېتىش ۋە نەسلەردىن ئەھكام چىقىرىش. چۈنكى، ھەربىر مۇسۇلمان ئۇ نەسلەردىن ئەھكام چىقىرىشقا قادىر ئەمەس، شۇڭا بۇنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق مۇستەھكەم قائىدىلىرى بار بولۇپ، ئۇنى رەسۇلۇللاھتىن تەلىم ئالغان شۇ ساھابەلەر ئۆزلىرىنىڭ فىترىتى بىلەن ئىدراك قىلالىغان. چۈنكى، ئۇلار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى لازىم تۇتقان ئىدى ۋە يۇقىرى ئىلمىي سەۋىيەگە يەتكەن ئىدى. ئەبۇبەكرى، ئۆمەر، ئوسمان، ئەلى، زيد ئىبنى سابىت، ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر، ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس ۋە باشقا ئالىم ساھابەلەر بۇنىڭ مىسالىدۇر.

ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەربىر مۇسۇلمان ئىلىم ۋە دەلىل بىلەن پەتۋا بېرەلىگۈدەك دەرىجىدە «قۇرئان» ئايەتلىرىنى ۋە پەيغەمبەر ھەدىسلىرىنى تولۇق بىلمەيدۇ. شۇڭا، ساھابەلەرنىڭ دەۋرىدە، يەنى ئىجتىھاد ئەمدى يېتىلىۋاتقان، شۇنداقلا ھادىسىلەرنىڭ كۆپلۈكى ۋە ئىسلام چېگرىسىنىڭ كېڭىيىشى نەتىجىسىدە ئىجتىھادقا تازا ئېھتىياج چۈشۈۋاتقان شۇ دەۋردە، ئىجتىھاد قىلغۇچىلارمۇ ۋە ئەگەشكۈچىلەرمۇ بار ئىدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پەتۋا بېرىدىغانلارمۇ، پەتۋا سورايدىغانلارمۇ بار ئىدى، يەنە سوئال سورايدىغانلارمۇ، جاۋاب بېرىدىغانلارمۇ بار ئىدى.

فىقھىي ئىجتىھاد مۇنداق تۆت باسقۇچ بولغان:

ئاۋۋال: فىقھىي ئىجتىھادنىڭ باسقۇچلىرى
بىرىنچى باسقۇچ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دەۋرىدىكى ئىجتىھاد

[4] پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دەۋرىدە ئىجتىھاد بار ئىدى، لېكىن تار دائىرىدە ئىدى. چۈنكى، ۋەھيى ئاسماندىن نازىل بولۇۋاتاتتى. شۇڭا، ئىجتىھادقا كەڭ ئورۇن يوق ئىدى. ئىجتىھاد ساھابە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمدىن سادىر بولغان بولۇپ، ئۇلار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئايرىلىپ بىرەر سەپەرگە چىققانلىرىدا ئىجتىھاد قىلاتتى. شۇ جۈملىدىن، مەسىلەن ئەمر ئىبنى ئاس كىچىك بىر قوشۇن بىلەن سەپەرگە چىقتى، يولدا ئۇلارغا غۇسۇل ۋاجىب بولۇپ قېلىپ، ئىسسىق سۇ تاپالمىدى. سۇ بەك سوغۇق بولغاچقا، ئۇنى ئىشلىتەلمەيتتى ھەمدە ئۇلاردا ئىسسىنغۇدەكمۇ ۋە سۇنى ئىسسىتقۇدەكمۇ نەرسە يوق ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تەيەممۇم قىلىپ ناماز ئوقۇدى ۋە ئوقۇغان نامازلىرىنى قايتىلىمىدى. يەنە بىر قوشۇندىكى باشقا كىشىلەرمۇ ئۇلارغا ئوخشاش تەيەممۇم قىلىپ ناماز ئوقۇدى. بۇلار (سۇ ئىشلىتىشكە قادىر بولغاندىن كېيىن) نامازلىرىنى قايتىلىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىككىلى ئىجتىھادنى ماقۇللىدى (يەنى نارازى بولماستىن سۈكۈت قىلدى). ئەمەلىيەتتە، نەتىجە ئېتىبارى بىلەن ئۇلار ئارىسىدا ئىختىلاپ بولمىدى. چۈنكى، ئىككىنچى گۇرۇپپا نامازنى قايتىلاش ئارقىلىق دىنلىرىغا ئېھتىياتچان بولدى، گەرچە بۇ يەردە ئېھتىياتنى ۋاجىب قىلىدىغان ئىش بولمىسىمۇ. پەيغەمبىرىمىزنىڭ بىرىنچى گۇرۇپپىنى ماقۇللىشى نامازنى قايتىلاشنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىغا دەلىلدۇر.

[5] پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەقىقەتەن ئىجتىھاد قىلاتتى. چۈنكى، ئۇ زات كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ دىن ئىشلىرىدا مۇراجىئەت قىلىدىغان مەنبەسى بولغان ئىدى. كىشىلەر ئۇ زاتتىن پەتۋا سورايتتى، ئۇ زات ئۇلارغا پەتۋا بېرەتتى. ئۇلار ئۆزلىرى يولۇققان ھاياتلىق ئىشلىرىدا ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئائىلىسىگە ياكى ئىجتىمائىيىتىگە، ياكى مۇئامىلىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە ئۇنىڭدىن سوئاللارنى سورايتتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاللاھنىڭ بىرەر ۋەھيىسى بىلەن، يەنى ئۆزىگە نازىل بولغان بىرەر قۇرئانىي ئايەت بىلەن ياكى ئۆزىگە ۋەھيى قىلىنغان بىرەر ۋەھيى بىلەن پەتۋا بېرەتتى ياكى ئۆزىنىڭ ئىجتىھادى بىلەن پەتۋا بېرەتتى.

پەتۋا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىجتىھادى بىلەن بولغان چاغدا، ئەگەر ئۇ زاتنىڭ ئىجتىھادى بىرەر شەرئىي ئاساسنى بايان قىلىدىغان بولۇپ، ئىجتىھادى خاتا بولۇپ قالسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ خاتالىقىغا سۈكۈت قىلمايدۇ، بەلكى ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا پەيغەمبىرىمىزگە ئۇنىڭدىكى ھەقنى بايان قىلىپ بېرىدۇ، خۇددى بەدر ئەسىرلىرى ھەققىدىكى ئەھۋالغا ئوخشاش. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بەدر ئەسىرلىرىنى قانداق بىرتەرەپ قىلىش ھەققىدە ساھابەلىرىگە مەسلىھەت سېلىۋىدى، ساھابەلەرنىڭ بەزىسى مۇتلەق ئەپۇ قىلىۋېتىش مەسلىھەتىنى بەردى، بەزىلىرى پۈتۈنلەي ئۆلتۈرۈپ تاشلاش مەسلىھەتىنى بەردى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇتلەق ئەپۇنىمۇ ۋە ئۆلتۈرۈشنىمۇ تاللىماستىن، باشقا بىر قاراشنى تاللىدى. ئۇ بولسىمۇ ئەسىرلەرنى فىديە ئېلىپ قويۇپ بېرىش.

ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئەسىرلەرگە نىسبەتەن ھۆكۈمنى بايان قىلدى. ئۇ ھۆكۈم بولسىمۇ ئۇرۇش ۋاقىتلىق ياكى ۋاقىتسىز بىر سۈلھى بىلەن ئاياغلاشمىغان ئىكەن، ئۇلارنى فىديە ئېلىپ قويۇپ بەرمەسلىكتۇر. چۈنكى، بەدردىن كېيىنمۇ ئۇرۇش مەككەدە مۇشرىكلەر بىلەن مۇئمىنلەر ئارىسىدا داۋاملاشقان ئىدى. ئۇرۇش پەقەت ھىجرەتى مۇھەممەدىيەنىڭ سەككىزىنچى يىلى مەككە فەتھى بىلەن ئاياغلاشقان ئىدى. شۇڭا، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: ﴿مَا كَانَ لِنَبِيٍّ أَن يَكُونَ لَهُۥٓ أَسۡرَىٰ حَتَّىٰ يُثۡخِنَ فِي ٱلۡأَرۡضِۚ تُرِيدُونَ عَرَضَ ٱلدُّنۡيَا وَٱللَّهُ يُرِيدُ ٱلۡأٓخِرَةَۗ وَٱللَّهُ عَزِيزٌ حَكِيمٞ / پەيغەمبەرگە زېمىندا دۈشمەننى كۆپرەك ئۆلتۈرمەي تۇرۇپ (يەنى مۇشرىكلىكنىڭ ھەيۋىسىنى يوقىتىپ، ئىسلامغا قۇۋۋەت بەرمەي تۇرۇپ)، ئەسىرلەردىن فىديە ئېلىش لايىق ئەمەس ئىدى. (ئى مۇئمىنلەر! سىلەر فىديە ئېلىش بىلەن) دۇنيا مەنپەئەتىنى كۆزلەيسىلەر، ئاللاھ سىلەرگە ئاخىرەتنى (يەنى ئاخىرەتنىڭ ساۋابىنى) كۆزلەيدۇ. ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر﴾(8/«ئەنفال»: 67).

دېمەك، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەگەر شەرئىي ھۆكۈم چىقىرىشتا خاتالاشسا، مۇنداقچە دېسەك، ئەسىرلەر پرىنسىپىغا ئوخشاش شەرئىي بىر پرىنسىپتا خاتالاشسا، ھەرگىزمۇ ئاللاھ تائالا ئۇ زاتنى خاتالىقىدا قويۇپ قويمايدۇ(4).

[6] شەرىئەت ھەققىدە يازما يازىدىغان بەزى كىشىلەر يولدىن ئېزىپ: «پەيغەمبەرنىڭ ئىجتىھادى بىلەن بولغان ئىشلاردا ئۇنىڭغا ئەگەشمىسىمۇ بولىدۇ» دېدى. بىز دەيمىز: ﴿مَا لَهُم بِهِۦ مِنۡ عِلۡمٖ وَلَا لِأٓبَآئِهِمۡۚ كَبُرَتۡ كَلِمَةٗ تَخۡرُجُ مِنۡ أَفۡوَٰهِهِمۡۚ إِن يَقُولُونَ إِلَّا كَذِبٗا / ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرى بۇ بوھتانلىرىدا ھېچقانداق مەلۇماتقا ئىگە ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىدىن چىققان سۆز نېمىدېگەن چوڭ! ئۇلار پەقەت يالغاننىلا ئېيتىدۇ﴾(18/«كەھف»: 5). ئۇنداق دېيىشىمىزنىڭ سەۋەبى، شەرئىي پرىنسىپلارنى رەسۇلۇللاھ بايان قىلىدۇ، شەرئىي پرىنسىپلاردا خاتالىقنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ رەببى تەرىپىدىن يەتكۈزگۈچى بولۇپ، ئۇ شۇ شەرئىي پرىنسىپلارنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن كەلگەن. ئۇ قانداقمۇ كىشىلەرگە خاتانى يەتكۈزسۇن؟! مەيلى ئۇنىڭ يەتكۈزۈشى ئىجتىھادى بىلەن بولسۇن ياكى ئاسماندىن چۈشكەن ۋەھيى بىلەن بولسۇن، خاتانى يەتكۈزمەيدۇ. چۈنكى، ئەگەر ئۇ ئىجتىھاد قىلىپ، ئىجتىھادىدا خاتالاشسا، خاتالىق ھەرگىزمۇ توغرىلانماستىن ئۆز پېتى تاشلاپ قويۇلمايدۇ.

[7] شەرئىي پرىنسىپ ۋە ھۆكۈملەرنى بايان قىلىشتىن باشقا ئىشتا گاھىدا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن خاتالىق سادىر بولۇشى مۇمكىن. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆزىمۇ دۇنيا ئىشلىرىدا، شۇنداقلا پرىنسىپلاردىن باشقا ئىشتا گاھى خاتالىشىپ قالىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. ئىسپاتلىنىشىچە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بەدر غازىتىغا تەييارلىنىۋاتقان ھالەتتە، ياخشى بولمىغان بىر ئورۇنغا چۈشكەن، شۇنىڭ بىلەن بەزى مۇجاھىدلار ئۇ زاتقا ياخشى ئورۇننى ئەسكەرتكەن. شەكسىزكى، بۇ بىرەر پرىنسىپنى بايان قىلىش توغرىسىدا ئەمەس، بەلكى جەڭ ئورۇنلىرىنى تاللاش توغرىسىدىكى ئىشتۇر. بۇنداق مەسىلە پىكىر – مەسلىھەت بىلەن بولىدۇ. ئۇ بۇ جەھەتتە ساھابەلىرىگە مەسلىھەت سېلىپ تۇراتتى.

ساھابەلەردىن بىرى ئۇ زاتتىن خورما ئۇلاش توغرىسىدا مەسلىھەت سورىۋىدى، ئۇ خورمىنى ئۇلىماسلىق توغرىسىدا مەسلىھەت بەردى. نەتىجىدە خورما مېۋە بەرمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى بۇ ئىش ئۈچۈن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئالدىغا كېلىۋېدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «أَنْتُمْ أَعْلَمُ بِأَمْرِ دُنْيَاكُمْ / دۇنيا ئىشلىرىڭلارنى سىلەر بەكرەك بىلىسىلەر» دېدى(5).

بەزى ئازغۇنلار ئۇ ھەدىسنى ئېھتىماللىقى يوق تەرەپلەرگە بۇراپ، ئۇنى شەرىئەتنىڭ ئومۇمىي ھۆكۈملىرىنى بىكار قىلىشنىڭ باھانىسى قىلىۋالدى. چۈنكى، ئۇ ئازغۇنلار «‹قۇرئان›نىڭ بارلىق ئەمرلىرى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بارلىق ئەمرلىرى ۋە شەرىئەتنىڭ ئۆزگەرمەس پرىنسىپلىرى ھەممىسى خورما ئۇلاشقا ئوخشاش» دەپ چۈشىنىۋالدى، يەنى «قانۇن چىقىرىش، سانائەت، زىرائەت، تۈزۈم ۋە ھۆكۈم، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە ئائىلىۋى تۈزۈملەر قاتارلىق دۇنيالىق ئىشلارنى ئىنسانلار ئۆزلىرى ياخشى بىلىدۇ، ‹قۇرئان› ۋە ‹سۈننەت› نەسلىرىگە خىلاپ بولسىمۇ، ئىنسانلار ئۆزلىرى خاھلىغان قانۇنلارنى چىقارسا، ئۆزلىرى خاھلىغانچە ھالال ۋە ھارام دەپ بېكىتسە بولىدۇ» دەپ چۈشىنىۋالدى.

بۇ ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە تۆھمەتتۇر. چۈنكى، ئۇلار ئاللاھنىڭ: ﴿وَلَا تَقُولُواْ لِمَا تَصِفُ أَلۡسِنَتُكُمُ ٱلۡكَذِبَ هَٰذَا حَلَٰلٞ وَهَٰذَا حَرَامٞ لِّتَفۡتَرُواْ عَلَى ٱللَّهِ ٱلۡكَذِبَۚ إِنَّ ٱلَّذِينَ يَفۡتَرُونَ عَلَى ٱللَّهِ ٱلۡكَذِبَ لَا يُفۡلِحُونَ / ئاغزىڭلارغا كەلگەن يالغاننى سۆزلەش ئۈچۈن (ھېچقانداق دەلىلسىز) «بۇ ھالال، بۇ ھارام» دېمەڭلار. چۈنكى، (مۇنداقتا) ئاللاھ نامىدىن يالغاننى ئويدۇرغان بولىسىلەر، ئاللاھ نامىدىن يالغاننى ئويدۇرغۇچىلار ھەقىقەتەن (دۇنيا – ئاخىرەتتە) مەقسىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ﴾(16/«نەھل»: 116) دېگەن سۆزىنى ئۇنۇتتى، ئۇلار يۇقىرىقى ھەدىسنىڭ سانائەت ۋە زىرائەت كەسىپلىرىگە، دەرەخ ئۇلاشقا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتتى. بۇلار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى زىرائەت ۋە تىجارەت كەسىپلىرىدە، ئەينەك ۋە تېرە سانائىتىدە، پاختا، يىپەك توقۇمىچىلىقى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ھەر خىل ھۈنەر – كەسىپكە ئائىت ئىشلاردا ھۆججەت ۋە مۇتەخەسسىس بولىدۇ دەپ تەسەۋۋۇر قىلامدىغاندۇ؟! ئەگەر ئۇلار شۇنداق تەسەۋۋۇر قىلىدىغان بولسا، ئىشلارنى كۆپ قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتكەن بولىدۇ. ئۇ ھالدا ئۇلار ساماۋى بىر شەرىئەتنى ئېلىپ كەلگەن پەيغەمبەر بىلەن، مەخسۇس كەسپىي ھۈنەرۋەن ۋە بازارغا پىششىق سودىگەرنى ھەرگىزمۇ ئايرىيالمايدۇ.

ئۇلار ھەدىسنىڭ خورما ئۇلاش، زىرائەت، سانائەت ۋە شۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئىشلاردىن ئىبارەت ئۆز تېمىسىدا كەلگەن ھەدىس ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمىغۇچە خاتا تەپەككۇرلىرىدىن قۇتۇلالمايدۇ. پەيغەمبەر ئۇنداق ئىشلار ئۈچۈن ئەۋەتىلمىگەن. شەرىئەت ئۇنىڭدىن ئۈستۈندۇر، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئېلىپ كەلگىنى شەرىئەتتۇر.

[8] پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىككى دەۋاگەر ئارىسىدا ھۆكۈم چىقارغاندا، ھۆكۈمدە خاتالىشىپ قېلىشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلغان. شۇڭا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتقانكى: «إِنَّكُمْ تَخْتَصِمُونَ إِلَيَّ وَلَعَلَّ بَعْضَكُمْ أَلْحَنُ بِحُجَّتِهِ مِنْ بَعْضٍ فَمَنْ قَضَيْتُ لَهُ بِحَقِّ أَخِيهِ شَيْئًا بِقَوْلِهِ فَإِنَّمَا أَقْطَعُ لَهُ قِطْعَةً مِنَ النَّارِ فَلاَ يَأْخُذْهَا / سىلەر دەۋالىشىپ مېنىڭ ئالدىمغا كېلىسىلەر. بەزىڭلار پاكىتنى بەزىڭلاردىن بەكرەك ئوچۇق دېيەلىشى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن مەن ئاڭلىغىنىم بويىچە ھۆكۈم قىلىپ سالىمەن. ئەگەر بىرىڭلارغا قېرىندىشىنىڭ ھەققىنى پىچىپ قالسام، ئۇنى ئالمىسۇن. چۈنكى، مەن ئۇنىڭغا بىر پارچە ئوتنى پىچىپ بەرگەن بولىمەن»(6).

بۇ پەرەز قانۇن چىقىرىش ھەققىدە ئەمەس. چۈنكى، قازىلىق (يەنى شەرئىي سوتچىلىق) قانۇن چىقارغانلىق ئەمەس، بەلكى ئۇ ئىسلام شەرىئىتى ئېلىپ كەلگەن ئۆزگەرمەس پرىنسىپلارنى تەتبىقلاشتۇر. تەتبىقلاش بىلەن قانۇن چىقىرىش ئوتتۇرىسىدا پەرق بار. دېمەك، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تەتبىقلاشتا دەلىل – پاكىتلارنى ئاڭلاش ۋە ئاڭلىغىنى بويىچە ھۆكۈم چىقىرىشتەك ئىنسانلار قىلغاننى قىلىدۇ، تەتبىقلىغان شەرىئەتنى بولسا ئاسماندىن ئالىدۇ ۋە زېمىن ئەھلىگە يەتكۈزىدۇ، ئىككى ئىشنىڭ ئوتتۇرىسىدا زور پەرق بار.

شەرىئەتنىڭ مەنتىقىسىدىن باشقا بىر مەنتىقىگە ئىگە ياۋروپا قانۇنلىرىنى تەتبىقلاۋاتقان بەزى كىشىلەر: «سوتنىڭ پرىنسىپلىرى گاھىدا ھەممە بويسۇنىدىغان قانۇن بولىدۇ، مەسىلەن ئالىي سوتنىڭ پرىنسىپلىرىدەك. ئالىي سوتنىڭ پرىنسىپلىرى ھۆججەتتۇر ۋە ھەممە بويسۇنىدىغان قانۇندۇر» دەپ ئېتىراز بىلدۈرۈشى مۇمكىن.

بىز بۇنىڭغا شۇنداق جاۋاب بېرىمىزكى، بۇ ئىنسانلارنىڭ تۈزگەن نەرسىسىدۇر، سىلەرنىڭ تۈزۈمىڭلارچە بولغاندا، ئالىي سوتنىڭ ھۆكۈملىرى قانۇننىڭ بىر يەشمىسى بولۇپ، شەخسكە ئالاقىدار قارارلارنىڭ مۇقىم بولۇشى ئۈچۈن تۆۋەن قاتلامدىكىلەر ئۇنىڭغا بويسۇنۇپ ئەگىشىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ھۆكۈملەرنىڭ قانۇن چىقىرىش ئەمەسلىكىدە ھەممە ئادەم بىردەكتۇر. ئۇنىڭدا خاتالىق ئېھتىمالى بار، ھەتتا مۇشۇ قانۇنلارنى تەتبىقلاشتىمۇ خاتالىق ئېھتىمالى بار. ئالىي سوتنىڭ ھۆكۈملىرىنى خاتاغا چىقىرىدىغان ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىنى تۇتۇشنى رەت قىلىدىغان مەھكىمىلەرمۇ بار، شۇنداقلا بەزىدە ئۇنىڭ ھۆكۈملىرى دائىرىلەرنىڭ ئوخشىماسلىقى بىلەن ئوخشىمايدىغان چىقىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن، ئالىي سوتنىڭ ھۆكۈملىرى قانۇن چىقارغانلىق ئەمەس، بەلكى تەتبىقلاش ھېسابلىنىدۇ ھەم خاتالىقتىن خالىي بولالمايدۇ، بەلكى گاھىدا خاتالىققا چۈشۈپ قالىدۇ.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ چىقارغان بىرەر ھۆكمىدە خاتاغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى بىلمەيمىز. چۈنكى، ئۇ زات مۇكەممەل ئادىل قازىنىڭ سۈپەتلىرىگە ئىگىدۇر. ئۇ ئۆزى يەتكۈزگەن شەرىئەت بىلەن ئەڭ ئادىل ھۆكۈم قىلغۇچىدۇر. ئاللاھ ئۇنىڭغا ئۆتكۈر بەسىرەت ئاتا قىلغان بولۇپ، دەۋاگەرلەرنىڭ ئۇنى خاتالاشتۇرۇپ قويالىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. پەقەتلا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆزىنىڭ خاتالىشىپ قالىدىغانلىقىنى دېيىش ئارقىلىق ئۆزىدىن كېيىنكى قازىلارنىڭ ھېزى بولۇشى ھەمدە كىشىلەرنىڭ ناتوغرا دەلىللەشنىڭ كۈچى بىلەن دۇنيا سوتىنىڭ ھۆكمىدىن قۇتۇلۇپ قالالىسىمۇ، ئاخىرەتتە ھەرگىزمۇ ئاللاھنىڭ جازاسىدىن قۇتۇلالمايدىغانلىقلىرىنى بىلىشى، كىشىلەرنىڭ دەۋا ئىشلىرىدا ئاللاھتىن قورقۇشى، دەۋالىشىشنىڭ گەپدانلىق بىلەن يېڭىش ۋە پاكىت كەلتۈرۈشتە بەسلىشىش ئەمەسلىكى، بەلكى ئۇنىڭ ھەقنى ئىزدەش ئىكەنلىكى، كىمكى باشقىلارنىڭ ھەققىنى قولغا كىرگۈزۈۋېلىشنى كۆزلەيدىكەن، گەرچە سوتنىڭ ھۆكمى بىلەن پەردازلانسىمۇ، كىشىلەرنىڭ مېلىنى ناھەق يەۋالغان بولىدىغانلىقىنى مەقسەت قىلغان.

بۇ ھەقتىكى گەپنىڭ خۇلاسىسى شۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قارار قىلغان، ئاللاھ تائالا خاتالاشقانلىقىنى ئەسكەرتمىگەن ھۆكۈملەردە ئۇ زاتنىڭ ئىجتىھادىغا خاتالىق يول ئالالمايدۇ. ئەمما، سانائەت، زىرائەت، تىجارەت ۋە ئۇندىن باشقا دۇنيا ئىشلىرىغا كەلسەك، ئۇ جەھەتتە خاتالىشىشى مۇمكىن. چۈنكى، ئۇ زاتنىڭ پەيغەمبەرلىكى بۇنىڭ ئۈچۈن بولمىغان، بەلكى شەرىئەتنى يەتكۈزۈش ئۈچۈندۇر. ئۇ زاتنىڭ قازىلىق (سوت) ھۆكمىدە خاتالىشىپ قېلىشى نوقۇل بىر پەرەزدۇركى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇ جەھەتتە خاتالىشىشى مۇھال بولمىسىمۇ، ئالدىمىزدا بۇ جەھەتتە ئۇنىڭدىن خاتالىقنىڭ سادىر بولغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان ھېچبىر دەلىل يوق.

 

ئىككىنچى باسقۇچ: ساھابەلەرنىڭ دەۋرىدىكى ئىجتىھاد

[9] پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان رەفىقى ئەئلانىڭ دەرگاھىغا سەپەر قىلدى. ئۇ ھەقىقەتەن رەببىنىڭ رىسالەتىنى يەتكۈزۈپ، ئۇنى ئەڭ كامىل رەۋىشتە ئادا قىلدى. ئاللاھ تائالا ئېيتقانكى: ﴿ٱلۡيَوۡمَ أَكۡمَلۡتُ لَكُمۡ دِينَكُمۡ وَأَتۡمَمۡتُ عَلَيۡكُمۡ نِعۡمَتِي وَرَضِيتُ لَكُمُ ٱلۡإِسۡلَٰمَ دِينٗاۚ / بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم، سىلەرگە نېئمىتىمنى تاماملىدىم، ئىسلام دىنىنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم﴾(5/«مائىدە»: 3).

رىملىقلار شام ئاھالىسى ئىچىدىن مۇسۇلمان بولغانلارنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىسلام قوشۇنلىرىنى شام تەرەپكە يۈزلەندۈرگەن ئىدى. چۈنكى، بۇ يېڭى دىننىڭ ئەھلىنى ھىمايە قىلىش ۋە ئۇلارنى دىنى تۈپەيلى زۇلۇمغا ئۇچراشتىن قوغداش لازىم بولغانىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىسلام دەۋىتىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن كىسراغا ئەلچى ئەۋەتىۋىدى، بۇنىڭغا جاۋابەن، كىسرا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئۇ زاتنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئادەم ئەۋەتتى. لېكىن، ئاللاھ تائالا ئۇ مۇرادىغا يېتىشتىن بۇرۇن ئۇنى ھالاك قىلدى. تاجاۋۇزنى مىسلى بىلەن قايتۇرۇش كېرەك ئىدى، شۇنداقلا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كىشىلەر بىلەن يۈزلىشىپ، ئۇلارنى ھەق دەۋەتكە چاقىرىشى ۋە دەۋەتكە توسالغۇ بولۇۋاتقان توسۇقلارنى يوق قىلىشى كېرەك ئىدى.

شۇڭا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، مۇسۇلمانلار فەتىھ ئۈچۈن، ھەقكە ۋە توغرا يولغا چاقىرىش ئۈچۈن، كىسرا ۋە قەيسەرنىڭ مەملىكەتلىرىگە ئىچكىرىلەپ كىردى. ھالبۇكى ئۇلارنى ھېچبىر ھۆكۈمران بوي ئەگدۈرەلمەيتتى ۋە ئۇلارنى ھېچبىر كۈچ ياندۇرالمايتتى. پادىشاھلار ئۆزلىرىنىڭ دىيارلىرىغا ئىسلامنىڭ كىرىشىنى توسۇپ، پۇقرالىرىغا ئىسلامنىڭ يەتمەسلىكى ئۈچۈن قورغانلارنى بەرپا قىلدى. ئىسلام دەۋىتىنى تارقىتىش ئۈچۈن، ئۈممەت شۇ مۇستەھكەم سېپىللارنى چېقىپ تاشلىشى كېرەك ئىدى. چۈنكى، ئىسلام دەۋىتى ئادا قىلىشقا تېگىشلىك زۆرۈر پەرز ئىدى. نەتىجىدە ئۇرۇش ۋاجىب بىر ئىش بولۇپ قالدى. چۈنكى، ۋاجىبقا يەتكۈزىدىغان نەرسە ئۇمۇ ۋاجىبتۇر.

ھېچكىم بۇ ئۇرۇشنى دىنغا مەجبۇرلاش ئۈچۈن بولغان دەپ ئويلاپ قالمىسۇن. چۈنكى، ئۇنداق بولۇشى باتىلدۇر. چۈنكى، پادىشاھلار كىشىلەرنى ئۆزلىرىگە كەلگەن دەۋەتنى ئاڭلاپ قېلىشتىن توساتتى، بولۇپمۇ دەۋەت ئۇلار كىشىلەرگە تاڭغان «شەخسلەرنى مۇقەددەسلەشتۈرۈش، ھەق بولسۇن، ناھەق بولسۇن ھەممە ئىشتا ئۆزلىرىگە ئەگىشىش»تەك بەلگىلىمىلىرى بىلەن ماسلاشمىسا تېخىمۇ توساتتى. ھالبۇكى يېڭى شەرىئەت: «ياراتقۇچىغا ئاسىي بولىدىغان ئىشتا يارىتىلغۇچىغا ئىتائەت قىلىش يوق» دەيتتى.

يېڭى شەرىئەت باراۋەرلىككە چاقىراتتى ۋە ئىنسانلارنىڭ ئادەمنىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىكى، ئادەمنىڭ تۇپراقتىن يارىتىلغانلىقىنى ئېيتاتتى. ئىسلامدىكى ئۇرۇشلار دىنغا مەجبۇرلاش ئۈچۈن بولمىغان، بەلكى جانلارنى زالىم پادىشاھلارنىڭ سىرتمىقىدىن ئازاد قىلىش ئۈچۈن، ئەقىللەرنى پادىشاھلارنىڭ مۇقەددەسلىكىگە ئائىت ئازغۇن گۇمانلاردىن ئازاد قىلىش ئۈچۈن بولغان. ئەگەر خاھلىسىڭىز، «بۇ ئۇرۇش دىنىي ئەركىنلىكنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن بولغان، بۇ ئەركىنلىكنى ئۆرۈش ئۈچۈن ئەمەس» دېسىڭىزمۇ بولىدۇ.

ئۇرۇشنىڭ ئىسلامغا زورلاش ئۈچۈن بولمىغانلىقىنىڭ دەلىلى ئىسلام دۆلىتىنىڭ قوينىدا غەيرى مۇسۇلمانلارنىڭمۇ بولغانلىقىدۇر. دۆلەت ئۇلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى تولۇق بېرەتتى، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايتتى، ئەقىدە ۋە ئىبادەت ئەركىنلىكىگە تېگىلمەيتتى. ھەتتا فۇقەھائ‍ ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش ئۈچۈن، مۇنداق بىر پۇختا قائىدە تۈزگەن: «أُمِرْنَا بِتَرْكِهِمْ وَمَا يَدِينُونَ (بىز ئۇلارغا ۋە ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا تەگمەسلىككە بۇيرۇلدۇق)». مۇسۇلمانلار ئۇلارنى «ئەھلى زىممەت(7) دەپ ئاتىغان. چۈنكى، ئۇلار رەسۇلۇللاھنىڭ كاپالىتىگە ئېرىشكەن ھەم پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارغا ئەزىيەت بەرمەسلىككە چاقىرغان ۋە ئېيتقانكى: «مَنْ آذَى ذِمِّيًّا فَأَنَا خَصْمُهُ، وَمَنْ كُنْتُ خَصْمَهُ خَصَمْتُهُ يَوْمَ الْقِيَامَةِ / كىمكى بىر زىممىيگە ئازار بېرىدىكەن، قىيامەت كۈنى مەن ئۇنىڭ بىلەن دەۋالىشىمەن. مەن كىم بىلەن دەۋالىشىپ قالسام، ئۇنى يېڭىمەن»(8).

[10] ھەقىقەتەن (كۆپ دىيارلاردا) ئىسلامىي فەتىھلەر بولدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇشبۇ خەلقلەر ئەرەبلەرنىڭ سەپلىرىگە قوشۇلدى. بۇ قوشۇلۇش ياكى ئۆز ئىختىيارلىقلىرى بىلەن مەجبۇرلانمىغان ھالدا ئىسلامغا كىرىش بىلەن بولدى. چۈنكى، ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿لَآ إِكۡرَاهَ فِي ٱلدِّينِۖ قَد تَّبَيَّنَ ٱلرُّشۡدُ مِنَ ٱلۡغَيِّۚ / دىندا (ئۇنىڭغا كىرىشكە) زورلاش يوقتۇر، ھىدايەت گۇمراھلىقتىن ئېنىق ئايرىلدى﴾(2/«بەقەرە»: 256)، يەنە ئېيتىدۇ: ﴿أَفَأَنتَ تُكۡرِهُ ٱلنَّاسَ حَتَّىٰ يَكُونُواْ مُؤۡمِنِينَ / سەن كىشىلەرنى مۇسۇلمان بولۇشقا مەجبۇرلامسەن؟﴾(10/«يۇنۇس»: 99). ياكى بۇ قوشۇلۇش كاپالەت توختامى بىلەن بولغان بولۇپ، بۇ توختامنى زىممىيلار ئۆزلىرى بىلەن مۇسۇلمانلار ئارىسىدا تۈزگەن. توختامغا بىنائەن، مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۇلارنىڭمۇ مەنپەئەتى، مۇسۇلمانلارنىڭ زىيىنى ئۇلارنىڭمۇ زىيىنى بولىدۇ.

ساھابەلەر دەۋرىدە پارس، شام، مىسىر ۋە شىمالىي ئافرىقا فەتىھ قىلىندى. بۇ ئارقىلىق يىلتىزى ئەڭ قەدىمكى ئەسىرلەرگىچە سوزۇلغان ھەر خىل مەدەنىيەتلەرگە ئىگە خەلقلەر مۇسۇلمانلارنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا بولدى. ئىسلامىي شەھەرلەر خىلمۇخىل خەلقلەر بىلەن قاينىدى ۋە ئۇنىڭدا قەۋمى، جىنسى ھەر خىل بولغان ئۇنسۇرلار ئارىلاشتى. شۇ جەھەتتىن، جەمئىيەتتە چوقۇملا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دەۋرىدە بولمىغان ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىشى ئېنىق ئىدى ھەمدە ھاياتلىق يوللىرىنىڭ ھەر ساھە ۋە ھەر تۈر بويىچە تەرەققىي قىلىشى ئېنىق ئىدى. ئالىملارنىڭ نېمە پايدىلىق، نېمە زىيانلىق، بۇ ھەقتە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشى، ئىجتىھاد ۋە تەپەككۇر قىلىشى كېرەك ئىدى.

شۇڭلاشقا، مەخسۇس پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىلمىنى تەتقىق قىلغان ۋە ئۇ زاتتىن ئىلىم ئالغان ۋە ئەمەلنى چىڭ تۇتقان ئالىم ساھابەلەر ئىجتىھاد قىلىشى كېرەك بولغانىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يېڭىدىن پەيدا بولغان ۋە ئۆزلىرى يولۇققان شۇ ئىشلارنى تونۇپ چىقىپ، ئۇ ئىشلاردىكى ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى تېپىش ئۈچۈن ئىجتىھاد قىلدى. چۈنكى، ئاللاھنىڭ شەرىئىتى ئومۇمىي ۋە پۈتۈن بولغاچ بارلىق دەۋرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئېيتقانكى: ﴿أَيَحۡسَبُ ٱلۡإِنسَٰنُ أَن يُتۡرَكَ سُدًى / ئىنسان ئۆزىنى بىكار قويۇپ بېرىلىدۇ (يەنى شەرىئەت ئىشلىرىغا تەكلىپ قىلىنماي، مەيلىگە قويۇۋېتىلگەن ھايۋانغا ئوخشاش) دەپ ئويلامدۇ؟﴾(75/«قىيامەت»: 36).

ساھابەلەر ئىجتىھاد ئۈچۈن مېتود تۈزدى. ئۇلار بىرەر ھادىسىگە دۇچ كەلسە، ئاللاھ تائالانىڭ كىتابىغا يۈزلىنەتتى. ئەگەر ئۇنىڭدىن دەلىل تاپالىسا، ئۇنىڭدىن باشقا نەرسىنى ئىزدىمەيتتى. ئەگەر بىرەر ئىشتا ئۇلارنىڭ قاراشلىرى ھەر خىل چىقىپ، يۆنىلىشلىرى پەرقلىق بولۇپ قالسا، ئاندىن ئۇلار «قۇرئان»دىن دەلىل تېپىپ قالسا، ئۇلارنىڭ ھەممىسى «قۇرئان» دەلىلىگە قايتاتتى.

[11] بۇنىڭغا بىر مىسال ئالايلى: ئاللاھ سەۋادۇلئىراق زېمىنىنى(9) ۋە پارس زېمىنىنى مۇسۇلمانلارغا فەتىھ قىلىپ بەرگەندە، ساھابەلەر يەرلەرنى فاتىھلارغا بۆلۈشتە ئىختىلاپلىشىپ قالدى. مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى ۋە دۆلەت رەئىسى بولغان ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يەرلەرنى فاتىھلارغا بۆلۈشكە ئۇنىمىدى. چۈنكى، ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ يەرلەر ئاللاھ تائالانىڭ ئۇشبۇ سۆزىنىڭ ئومۇملىقى ئىچىگە كىرمەيتتى: ﴿وَٱعۡلَمُوٓاْ أَنَّمَا غَنِمۡتُم مِّن شَيۡءٖ فَأَنَّ لِلَّهِ خُمُسَهُۥ وَلِلرَّسُولِ وَلِذِي ٱلۡقُرۡبَىٰ وَٱلۡيَتَٰمَىٰ وَٱلۡمَسَٰكِينِ وَٱبۡنِ ٱلسَّبِيلِ / (ئى مۇئمىنلەر!) بىلىڭلاركى، سىلەر ئالغان غەنىيمەتنىڭ بەشتىن بىرى ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە، پەيغەمبەرنىڭ خىش ـ ئەقرىبالىرىغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، ئىبن سەبىللەرگە خاستۇر﴾(8/«ئەنفال»: 41). چۈنكى، مەزكۇر ئايەت كۆچمە مۈلۈكلەر ھەققىدىدۇر، زېمىن بولسا فەتىھ قىلىنىدۇ، غەنىيمەت قىلىنمايدۇ، زېمىن كۆچمە مۈلۈك ئەمەس. ھەممە يەر تەقسىملىۋېتىلسە، كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ يەرسىز قېلىش خەۋپى بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە چېگرالارنى قوغداپ، دۆلەتنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن، ئىقتىسادقا ئېھتىياج چۈشەتتى. بۇ ئىقتىساد بۇ يەرلەرگە تېڭىلغان جىزيە بىلەن ئىشقا ئاشاتتى. لېكىن، جەڭچىلەر ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قارىشىغا قوشۇلمىدى. ئۇلار بۇ توغرۇلۇق ئۈچ كېچە تارتىشتى. ئۈچىنچى كۈنى بولغاندا، ئۆمەر كېلىپ ئۇلارغا ئۆزىنىڭ سۆزىنى قوللايدىغان قۇرئانىي دەلىلنى تاپقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ بولسىمۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئۇشبۇ سۆزى ئىدى: ﴿مَآ أَفَآءَ ٱللَّهُ عَلَىٰ رَسُولِهِۦ مِنۡ أَهۡلِ ٱلۡقُرَىٰ فَلِلَّهِ وَلِلرَّسُولِ وَلِذِي ٱلۡقُرۡبَىٰ وَٱلۡيَتَٰمَىٰ وَٱلۡمَسَٰكِينِ وَٱبۡنِ ٱلسَّبِيلِ كَيۡ لَا يَكُونَ دُولَةَۢ بَيۡنَ ٱلۡأَغۡنِيَآءِ مِنكُمۡۚ وَمَآ ءَاتَىٰكُمُ ٱلرَّسُولُ فَخُذُوهُ وَمَا نَهَىٰكُمۡ عَنۡهُ فَٱنتَهُواْۚ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَۖ إِنَّ ٱللَّهَ شَدِيدُ ٱلۡعِقَابِ / ئاللاھ پەيغەمبىرىگە غەنىيمەت قىلىپ بەرگەن ئەھلى قۇرا (يەنى قۇرەيزە، نەزىر، پەدەك ۋە خەيبەر كۇففارلىرى) نىڭ نەرسىلىرىنى (يەنى زېمىنلىرىنى)، ئىچىڭلاردىكى بايلار ئارىسىدا قولدىن قولغا ئۆتۈپ يۈرمەسلىكى ئۈچۈن، ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە، پەيغەمبەرنىڭ خىش ـ ئەقرىبالىرىغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، ئىبن سەبىللەرگە خاس قىلدى، پەيغەمبەر سىلەرگە بەرگەننى ئېلىڭلار، پەيغەمبەر چەكلىگەن نەرسىدىن چەكلىنىڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر﴾(59/«ھەشر»: 7) (10).

فارۇق ئۇلارغا شۇ ئايەتى كەرىمەنى تىلاۋەت قىلغان چاغدا، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ قارىشىغا قوشۇلدى.

ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ كىتابىدىن بىرەر نەسنى تاپالمىسا، سۈننەتكە يۈزلىنىپ، شەرئىي ھۆكۈمنى سۈننەتتىن ئاختۇراتتى. مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى ئىشنى مۇئمىن جامائەتكە تاشلاپ، ئۇلاردىن كىمنىڭ شۇ ئىشنىڭ ھۆكمىنى ساقلىۋالغانلىقىنى سورايتتى. ھەدىس زىكىر قىلىنىپ قالسا، ئۇلار ھەدىسنىڭ تەقەززاسى بويىچە پەتۋا بېرەتتى. مەسىلەن، شۇ ھەقتە مۇنداق بىر ھېكايە بار: «ئانا تەرەپ بىر موما قىزىنىڭ ئوغلىدىن ئۆزىنىڭ مىراسىنى تەلەپ قىلىپ، ئەبۇبەكرىنىڭ قېشىغا كەلدى، ھالبۇكى ئوغۇلنىڭ ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەن ئىدى. ئەبۇبەكرى مومىغا: ‹بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالانىڭ كىتابىدىن بىرنەرسە بىلمەيدىكەنمەن› دېدى. ئاندىن ساھابەلەرنىڭ قېشىغا كېلىپ، ئۇلاردىن: ‹ئاراڭلاردا رەسۇلۇللاھنىڭ شۇنداق كىشىلەرگە قانداق ھۆكۈم قىلغانلىقىنى بىلىدىغان بىرى بارمۇ› دەپ سورىدى. مۇغىرە ئىبنى شۇئبە ئورنىدىن تۇرۇپ، رەسۇلۇللاھنىڭ ئۇنداقلارغا ئالتىدىن بىرنى ھۆكۈم قىلغانلىقىنى ئېيتتى. ئەبۇبەكرى: ‹سەن بىلەن بىللە كىم گۇۋاھلىق بېرەلەيدۇ› دېۋىدى، باشقا بىر كىشى تۇرۇپ، ئۇنىڭ دېگىنىگە ئوخشاش گۇۋاھلىق بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئەبۇبەكرى ئۇ مومايغا ئالتىدىن بىرنى ھۆكۈم قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۆمەرنىڭ دەۋرىدە دادا تەرەپ موما ئۆزىنىڭ نېسىۋىسىنى تەلەپ قىلىپ كەلدى. ئۆمەر: ‹ئاللاھنىڭ كىتابىدىن بۇ ھەقتە بىرنەرسە بىلمەيدىكەنمەن› دېگەندىن كېيىن: ‹مۇشۇ ئالتىدىن بىرنى ئىككىڭلار بۆلۈشىۋېلىڭلار› دېدى».

ئۇلار ئاللاھنىڭ كىتابىدىنمۇ، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ سۈننىتىدىنمۇ بىرەر نەسنى تاپالمىسا، ئۆزلىرىنىڭ رايى بىلەن ئىجتىھاد قىلاتتى.

ئۇلارنىڭ ماڭغان بۇ يولى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېتىراپ قىلغان يولدۇر: «أَنَّ رَسُولَ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ لَمَّا أَرَادَ أَنْ يَبْعَثَ مُعَاذًا إِلَى الْيَمَنِ قَالَ كَيْفَ تَقْضِي إِذَا عَرَضَ لَكَ قَضَاءٌ قَالَ أَقْضِي بِكِتَابِ اللَّهِ قَالَ فَإِنْ لَمْ تَجِدْ فِي كِتَابِ اللَّهِ قَالَ فَبِسُنَّةِ رَسُولِ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ قَالَ فَإِنْ لَمْ تَجِدْ فِي سُنَّةِ رَسُولِ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ وَلَا فِي كِتَابِ اللَّهِ قَالَ أَجْتَهِدُ رَأْيِي وَلَا آلُو فَضَرَبَ رَسُولُ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ صَدْرَهُ وَقَالَ الْحَمْدُ لِلَّهِ الَّذِي وَفَّقَ رَسُولَ رَسُولِ اللَّهِ لِمَا يُرْضِي رَسُولَ اللَّهِ. ئۆز ۋاقتىدا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى يەمەنگە قازى قىلىپ ئەۋەتىدىغان چاغدا، ئۇنىڭغا:

— نېمە بىلەن ھۆكۈم قىلىسەن؟ — دېگەن. مۇئاز:

—     ئاللاھنىڭ كىتابى بىلەن، — دېگەن. رەسۇلۇللاھ:

—     ئەگەر ئۇنىڭدىن تاپالمىساڭچۇ؟ — دېگەندە، مۇئاز:

—     رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتى بىلەن، — دېگەن. رەسۇلۇللاھ:

— ئاللاھنىڭ كىتابىدىنمۇ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىدىنمۇ تاپالمىساڭچۇ؟ — دېگەندە، مۇئاز:

— رايىم بىلەن ئىجتىھاد قىلىمەن ۋە بوشاڭلىق قىلمايمەن، — دېگەن. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭ كۆكسىگە ئۇرۇپ:

— رەسۇلۇللاھنىڭ ئەلچىسىنى ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى رازى بولىدىغان ئىشقا باشلىغان ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن! — دېگەن»((11).

[12] راينى كۆپلىگەن ئۇسۇل ئۆلىمالىرى قىياس دەپ چۈشەنگەن. قىياسنىڭ مەنىسى: «ھۆكمى سۆزلەنمىگەن بىر ئىش ھۆكمى سۆزلەنگەن يەنە بىر ئىش بىلەن ھۆكۈمنىڭ ئىللىتىدە ئورتاق بولغانلىقى ئۈچۈن، ھۆكمى سۆزلەنمىگەن ئىشنى ھۆكمى سۆزلەنگەن يەنە بىر ئىشنىڭ قاتارىغا قوشۇۋېتىش»تۇر. بۇ، راينىڭ ئىجتىھادنىڭ شۇ تۈرىگىلا خاس بولۇشىنى تەقەززا قىلىدۇ. بۇ تۈر مۇجتەھىدنىڭ مۇئەييەن بىر نەسنى تېپىشىنى تەقەززا قىلىدۇكى، ھۆكمى سۆزلەنمىگەن فەرئى شۇ مۇئەييەن نەس بىلەن ئىللەتتە ئورتاقلىشىدۇ. بۇ ھەربىر مەست قىلغۇچىنى ھاراققا قىياس قىلغانغا ئوخشايدۇ، ھاراقنىڭ ھارام قىلىنىشىنىڭ سەۋەبى مەست قىلىشتۇر. دېمەك، ھەربىر مەست قىلغۇچىدا ھاراملىق ھۆكمى سابىت بولىدۇ.

لېكىن، ھەقىقەت شۇكى، ساھابەلەرگە تونۇشلۇق بولغان راي بۇ قىياسنىمۇ ھەم نەس يوق ئىشلاردا مەسلەھە بىلەن ئىجتىھاد قىلىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. ئىككىلى تۈر ساھابەلەرنىڭ دەۋرىدە بار ئىدى. ئىمام ئىبنۇلقەييىم ساھابەلەرنىڭ ئىجتىھادىغا تەرىپ بېرىپ ئېيتقانكى: «(راي ئەسلىدە ‹رَأَى الشَّيْءَ يَرَاهُ رَأْيًا›نىڭ مەسدەرىدۇر، ئاندىن ‹راي› كۆرۈلگۈچى شەيئىنىڭ ئۆزىگە كۆپرەك ئىشلىتىلگەن. ئەرەبلەر ئۇنىڭ پېئىلىنى ئويغاق ھالدا كۆز بىلەن كۆرۈشكىمۇ، ئۇيقۇدا كۆرۈشكىمۇ، كۆز بىلەن ئەمەس قەلب بىلەن كۆرۈشكىمۇ مەسدەرلىرىنى پەرقلەندۈرگەن ھالدا ئىشلىتىدۇ)، لېكىن ئۇلار راينى ئالامەتلىرى توقۇنۇشلۇق يوللار ئىچىدىن توغرا تەرەپنى بىلىش ئۈچۈن تەپەككۇر قىلىپ ئىزدەنگەندىن كېيىنكى قەلبنىڭ كۆرگىنىگە خاس قىلغان»(12).

شۈبھىسىزكى، بۇ تەرىپ كامىل ئەمەس. چۈنكى، (بۇ تەرىپ بويىچە بولغاندا) راي قىياس يوللىرى توقۇنۇشۇپ، قىياس قىلىۋاتقان فەقىھ تايانغۇدەك، نەستە سۆزلەنگەن بىرەر ئەسل بىلىنمىگەن چاغدا بولىدۇ. شۇ ھەقىقەتتۇركى، راي بىلەن ئىجتىھاد قىلىش دېمەكلىك ئاللاھ تائالانىڭ كىتابىغا ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىگە يېقىنراق بولغان نەرسىنى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن ئويلىنىش ۋە تەپەككۇر قىلىشتۇر. بۇ راي بىلەن ئىجتىھاد قىلىش يا مۇئەييەن نەسكە يېقىنراق بولغان نەرسىنى تېپىپ چىقىش بىلەن بولىدۇ، بۇ قىياستۇر. ياكى شەرىئەتنىڭ ئومۇمىي مەقسەتلىرىگە يېقىنراق بولغان نەرسىنى تېپىپ چىقىش بىلەن بولىدۇ، بۇ بولسا مەسلەھەدۇر.

ساھابەلەر ئىچىدە قىياس مېتودى بويىچە راي بىلەن ئىجتىھاد قىلىپ مەشھۇر بولغانلارمۇ بار ئىدى. ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد ۋە ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما شۇلاردىندۇر. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلار گاھىدا مەسلەھەنى تۇتاتتى. شۇ جەھەتتىن، تابىئىندىن بولغان كۇفە فۇقەھائلىرى ۋە ئۇلاردىن كېيىن كەلگەن مۇجتەھىد ئىماملار ئەنە شۇ راي بىلەن ئىجتىھاد قىلىش مېتودىغا ۋارىسلىق قىلغان.

ساھابەلەر مەسلەھە ئۇسۇلى بىلەن ئىجتىھاد قىلغانلارنىمۇ كۆرگەن. ئۆمەر ئىبنى خەتتاب ئەنە شۇ مەسلەھە ئۇسۇلى بىلەن ئىجتىھاد قىلغانلارنىڭ بېشىدا تۇرىدۇ. ئۆمەر ئىبنى خەتتاب ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ساھابەلەردىن كۆپ كىشىلەر مەسلەھە ئۇسۇلى بىلەن پەتۋا بەرگەن. مەسىلەن، بىر ئادەمنىڭ بەدىلىگە كۆپ ئادەمنى ئۆلتۈرۈش (يەنى كۆپ ئادەم بىر ئادەمنى قەستەن ئۆلتۈرسە، ئۆلتۈرۈلگەن شۇ بىر ئادەمنىڭ بەدىلىگە كۆپ ئادەمنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈش) تە ساھابەلەر مەسلەھەنى كۆزدە تۇتقان. شۇنداقلا ھۈنەرۋەنگە زىياننى تۆلىتىشتىمۇ مەسلەھەنى كۆزدە تۇتقان. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھۈنەرۋەنگە زىياننى تۆلىتىش ئىشىدا: «كىشىلەرنىڭ مەسلەھەسى شۇ ئارقىلىق ھاسىل بولىدۇ» دېگەن.

[13] شۇ ئاشكارىدۇركى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دۆلەت ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشتا نەس يوق مەسىلىلەردە مەسلەھە ئۇسۇلى بىلەن ئىجتىھاد قىلاتتى. لېكىن، ئۇ قازىلارنى ئاللاھنىڭ كىتابىدىن ياكى رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىدىن ھېچبىر نەس يوق ئىشلاردا قىياس ئۇسۇلىنى تۇتۇشقا بۇيرۇيتتى. ئۇ ئەبۇ مۇسا ئەشئەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا يازغان مەكتۇبىنىڭ ئاخىرىدا: «كىتاب ۋە سۈننەتتە يوق، قەلبىڭ ئىككىلەنگەن ئىشلاردا پەمنى چىڭ تۇت. (ئىشلارنىڭ كىتاب ۋە سۈننەتتىكى) ئوخشاشلىرىنى تاپ، ئاندىن ئىشلارنى شۇ ئوخشاشلىرىغا قىياس قىل» دېگەن. دېمەك، بۇ كالامدا شۇ ئېنىقكى، قازى ھېچبىر شەرئىي نەس كەلمىگەن ئىشتا «مەسىلىنىڭ ئوخشىشى» دەپ بىلىنىدىغان بىر شەرئىي نەسنى تاپقان چاغدا، مەسىلىنى شۇنىڭغا قىياس قىلىدۇ.

بۇ يەردە ئوقۇرمەننىڭ خاتىرىسىگە مۇنداق بىر سوئال كېلىدۇ: «مەكتۇبتىن ئايان بولغىنىدەك، نەس تېپىلمىغان ئىشتا ئەگەر ئىجتىھاد ئوبيېكتى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى قولايلاشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك بولسا، ئۆمەر نېمىشقا ئۆزى مەسلەھەنى تۇتۇپ، قازىلارنى بولسا قىياسنى تۇتۇشقا، ئۇنىڭدىن چەتنىمەسلىككە بۇيرۇيدۇ؟»

بۇنىڭ جاۋابى شۇكى، دۆلەت ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىش مەسلەھەنى قولغا كەلتۈرۈپ، مەفسەدە(13)نى توسۇشنى ۋە شەرىئەتنىڭ ئەمرلىرىگە ئەگىشىشنى ئاساس قىلىدۇ. ياخشى ئىدارىچى بىلەن ناچار ئىدارىچى ئوتتۇرىسىدا پەرق بار، بىرىنچىسى مەفسەدەنى دەﻓﺌ قىلىپ، مەسلەھەنى ھاسىل قىلىدۇ، ئىككىنچىسى ئاشۇنىڭ تەتۈرىنى قىلىدۇ. شۇ جەھەتتىن، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا چىرىك ۋالىي توغرىسىدا ئېيتقانكى: ﴿وَمِنَ ٱلنَّاسِ مَن يُعۡجِبُكَ قَوۡلُهُۥ فِي ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَا وَيُشۡهِدُ ٱللَّهَ عَلَىٰ مَا فِي قَلۡبِهِۦ وَهُوَ أَلَدُّ ٱلۡخِصَامِ ٢٠٤ وَإِذَا تَوَلَّىٰ سَعَىٰ فِي ٱلۡأَرۡضِ لِيُفۡسِدَ فِيهَا وَيُهۡلِكَ ٱلۡحَرۡثَ وَٱلنَّسۡلَۚ وَٱللَّهُ لَا يُحِبُّ ٱلۡفَسَادَ ٢٠٥ وَإِذَا قِيلَ لَهُ ٱتَّقِ ٱللَّهَ أَخَذَتۡهُ ٱلۡعِزَّةُ بِٱلۡإِثۡمِۚ فَحَسۡبُهُۥ جَهَنَّمُۖ وَلَبِئۡسَ ٱلۡمِهَادُ ٢٠٦ / (ئى پەيغەمبەر!) كىشىلەر ئارىسىدا شۇنداق ئادەم باركى، ئۇنىڭ دۇنيا تىرىكچىلىكى توغرىسىدىكى سۆزى سېنى قىزىقتۇرىدۇ، ئۇ دىلىدىكى نەرسىگە (يەنى دىلى باشقا تىلى باشقا ئەمەسلىكىگە) ئاللاھنى گۇۋاھ قىلىدۇ. ھالبۇكى، ئۇ ئەشەددىي دۈشمەندۇر. ئۇ ۋالىي بولۇپ قالسا، زېمىندا بۇزۇقچىلىق قىلىش ئۈچۈن ۋە زىرائەتلەرنى، ھايۋاناتلارنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. ئاللاھ بۇزۇقچىلىقنى ياقتۇرمايدۇ. ئۇنىڭغا ئاللاھتىن قورققىن دېيىلسە، غۇرۇرى ئۇنىڭغا گۇناھ يۈكلەيدۇ (يەنى ھەقتىن تەكەببۇرلۇق بىلەن باش تارتىپ، فىتنە – فاساتتا تېخىمۇ ئەزۋەيلەيدۇ)، ئۇنىڭغا جەھەننەم يېتەرلىكتۇر، جەھەننەم ناھايىتى يامان جايدۇر﴾(2/«بەقەرە»: 204 – 206)(14).

قازىلىق بولسا دەۋاگەرلەر ئارىسىدا ئادالەتنى بەرپا قىلىش ۋە زالىمدىن مەزلۇمنىڭ ھەققىنى ئېلىپ بېرىش دېمەكتۇر. ئۇنداق بولغان ئىكەن، قازىلىقنىڭ مۇقىم بىر نىزامغا باغلىنىشى لازىمدۇر. پۈتۈن دۇنيادا قازىلىق (سوت) ئۈچۈن قانۇنلار يولغا قويۇلىدۇ ۋە بەلگىلىمىلەر تۈزۈلىدۇ. شۇڭا، ئىسلامدىمۇ قازىلىق كىتاب – سۈننەتكە باغلانغان بولۇشى، قەتئىي كىتاب – سۈننەتتىن چىقىپ كەتمەسلىكى زۆرۈر بولغان. ئەگەر قازى كىتاب – سۈننەتتىن ئوچۇق ھۆكۈم تاپالمىسا، دۇچ كەلگەن مەسىلىنىڭ ئوخشاشلىرى ئارىسىدىن بەزى سۈپەتلەردە (كىتاب ۋە سۈننەتتە ھۆكمى) بايان قىلىنغىنى بىلەن ئورتاقلىشىدىغان بىر مەسىلىنى ئىزدەيدۇ، ئاندىن ئىككى مەسىلىنىڭ ئوپمۇئوخشاشلىقىغا ھۆكۈم قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەر زاماندىكىدەك قازىنىڭ چىقارغان ھۆكمى مەۋجۇد بىر نەس بىلەن بولغان بولىدۇ ياكى مەۋجۇد بىر نەسكە بويسۇندۇرۇلغان بولىدۇ. نەتىجىدە قازىلىق قائىدىسىز، تەرتىپسىز بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەكتۇبىنى: «قازىلىق دىندا مېڭىپ كېلىنگەن بىر يولدۇر» دېگەن سۆزى بىلەن باشلىغان. شۇڭلاشقا قازىلىقنى نەسلەرگە باغلىماق لازىم بولغان. قىياس نەسلەرنى چۈشىنىش يوللىرىدىن بىر يولدۇر. قازىغا نىسبەتەن ئىجتىھاد ئىشىكى مۇشۇنىڭ بىلەن چەكلىنىدۇ.

[14] ساھابەلەر راينى تۇتسىمۇ، ئۇنى تۇتۇش مىقدارىدا باراۋەر ئەمەس ئىدى. ئامالسىز ئىجتىھادقا قىستىلىپ قالغانلار ئەگەر «قۇرئان» ياكى ھەدىستىن بىرەر نەسنى تاپالمىسا، ئۇلارنىڭ راي بىلەن ئىجتىھاد قىلماي جىم تۇرۇۋېلىشى مۇمكىن بولمايتتى. مەسىلەن، دۆلەت ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىپ، ئىشلارنى ئۆز ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىدىغان ئۆمەرنىڭ راي بىلەن ئىجتىھاد قىلماي جىم تۇرۇۋېلىشى ۋە ئۇنىڭدىن ئۆزىنى تارتىشى مۇمكىن بولمايتتى. جىم تۇرۇۋالسا، دۆلەتنىڭ چاقى چۆرگىلىمەيتتى ۋە يۈز بەرگەن ئىشلار ھەل بولمايتتى، ھالبۇكى ئۇ ئىشلارنى ئاقساتماستىن ھەل قىلىشقا مەسئۇل ئىدى.

ساھابەلەر ئارىسىدا ھەدىس سۆزلەشتىن ئۆزىنى تارتقان، ئەمما ئۆزىنىڭ رايىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن ئۆزىنى تارتمىغانلار بار ئىدى. چۈنكى، ئەگەر چۈشەنچىسى توغرا چىقسا، دىننى بايان قىلغان بولاتتى، ئەگەر چۈشەنچىسىدە خاتالاشقان بولسا، ئۇ خاتالىق ئۆزىدىن بولاتتى ۋە خاتالىقنىڭ ئاقىۋىتى ئۆزىگە بولاتتى، دىننىڭ جەۋھىرىگە تەگكەن بىر ئىش بولمايتتى. ئۇ خىل ساھابەلەرنىڭ ھەدىس سۆزلەشتىن ئۆزىنى تارتىشىنىڭ سەۋەبى ئۇلارنىڭ رەسۇلۇللاھقا ئۇ دېمىگەن گەپنى چاپلاپ قويۇشتىن ئەنسىرىشىدۇر. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتقانكى ئىدى: «مَنْ كَذَبَ عَلَىَّ مُتَعَمِّدًا فَلْيَتَبَوَّأْ مَقْعَدَهُ مِنَ النَّارِ / ﻛﯩﻤﻜﻰ ﻣﺎﯕﺎ ﻗﻪﺳﺘﻪﻥ ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﻨﻰ ﭼﺎﭘﻠﯩﺴﺎ، ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺩﻭﺯﺍﺧﺘﯩﻦ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﮪﺎﺯﯨﺮﻟﯩﯟﺍﻟﺴﯘﻥ»(15). رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئىمران ئىبنى ھۇساين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دەيتتى: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئەگەر خاھلىسام، رەسۇلۇللاھتىن ھەركۈنى ھەدىس سۆزلەپ بەرگەن بولاتتىم، لېكىن رەسۇلۇللاھنىڭ ساھابەلىرى ئىچىدە بەزى كىشىلەرنىڭ مەن ئاڭلىغاندەك ئاڭلاپ ۋە مەن كۆرگەندەك كۆرۈپ، ئاندىن بىر قىسىم ‹ھەدىسلەر›نى سۆزلەۋاتقانلىقى، ئەمەلىيەتتە ئۇ ھەدىسلەرنىڭ ئۇلار دەۋاتقاندەك ئەمەسلىكى مېنى بۇنىڭدىن توختاتتى. ئۇلارغا شۈبھە تاشلىنىپ قالغاندەك، ماڭىمۇ شۈبھە تاشلىنىپ قېلىشىدىن قورقتۇم».

ئەبۇ ئۆمەر شەيبانىي ئېيتقانكى: «مەن بىر يىل ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن ھەمسۆھبەت بولدۇم. ئۇ: ‹رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن› دېمەيتتى. ئەگەر: ‹رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن› دەپ قالسا، ئۇنى تىترەك بېسىپ كېتەتتى ۋە (ئېھتىيات يۈزىسىدىن): ‹رەسۇلۇللاھ مۇشۇنداقراق ياكى شۇنىڭغا يېقىنراق دېگەن› دەيتتى».

شۇنىسى ھەقىقەتكى، ساھابەلەر ئىككى خىل ھەرەج ئارىسىدا قالغانىدى، ئىككىلىسىدە ئۇلار قاتتىق سىقىلاتتى. چۈنكى، ئۇلار بۇ دىنغا زىيان يەتكۈزۈپ قويۇشتىن قورقاتتى. (ئۇ ئىككى خىل ھەرەجنىڭ) بىرى رەسۇلۇللاھتىن كۆپ ھەدىس نەقىل قىلىۋېتىش. ئۇلار بۇ ھالەتتە رەسۇلۇللاھقا يالغان چاپلاپ قويۇشتىن ئەنسىرەيتتى. ئىككىنچىسى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ھېچبىر ئەسەر كەلمىگەن ئىشلاردا ئۆزلىرىنىڭ رايلىرى بىلەن پەتۋا بېرىش. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ رايلىرى بىلەن ھارامنى ھالال، ھالالنى ھارام قىلىپ قويۇشتىن ئەنسىرەيتتى.

رەسۇلۇللاھنىڭ بەزى ساھابەلىرى ئەگەر ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك كىشى بىلىدىغان ئوچۇق بىر ھەدىس بولمىسا، سۆزنى ئۆزىگە نىسبەت بېرىشنى تاللىغان. چۈنكى، (رەسۇلۇللاھنىڭ خەلىفەسى) ئەبۇبەكرى ھەدىسنى ئاز دېگەندە ئىككى كىشى رىۋايەت قىلسا، ئاندىن قوبۇل قىلاتتى. شۇنداقلا (مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى) ئەلى ھەدىسنى ھەدىسنىڭ دېگۈچىسىنى قەسەم قىلدۇرغاندىن كېيىن ئاندىن قوبۇل قىلاتتى.

شۇ ئارقىلىق بۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ رايلىرى بىلەن پەتۋا بېرىشى كۆپ بولغان. تېخىمۇ توغرىسى، ئۇلار سۆزنى ئۆزلىرىگە نىسبەت بېرەتتى. بۇ ھەقتە ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر پەتۋاسىدا: «بۇنى ئۆز رايىم بىلەن دەۋاتىمەن، ئەگەر ئۇ توغرا بولسا ئاللاھتىندۇر، ئەگەر خاتا بولسا مەندىن ۋە شەيتاندىندۇر، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى بۇنىڭدىن پاكتۇر» دېگەن. ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر مەسىلىدە پەتۋا بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ كاتىپى پەتۋانىڭ ئارقىسىغا: «بۇ ئاللاھ ۋە ئۆمەرنىڭ رايىدۇر» دەپ يېزىپ قويغان. ئاندىن ئۆمەر: «سېنىڭ دېگىنىڭ نېمىدېگەن يامان گەپ – ھە! بۇ ئۆمەرنىڭ رايىدۇر، ئەگەر ئۇ توغرا بولسا، ئاللاھتىندۇر، ئەگەر خاتا بولسا ئۆمەردىندۇر» دەپ كايىغان.

[15] ساھابەلەرنىڭ رايلىرىنى نوقۇل ئەقلىي رايلار دەپ ھېسابلىساق بولمايدۇ، بەلكى ئۇلارنىڭ رايلىرىنىڭ پەيغەمبەر فىقھىسىدىن ئېلىنغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشمىز كېرەك. چۈنكى، كۆپرەك راي بىلەن پەتۋا بېرىپ مەشھۇر بولغانلار ئەبۇبەكرى، ئۆمەر، ئوسمان، ئەلى، ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد، زەيد ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇم ۋە ئۇنىڭدىن باشقا فەقىھ ساھابەلەردەك رەسۇلۇللاھقا ئۇزۇن ھەمراھ بولغان كىشىلەر ئىدى.

شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۇلارنىڭ رەسۇلۇللاھتىن قىلغان رىۋايەتلىرىنىڭ سانى ئۇلارنىڭ رەسۇلۇللاھتىن ئايرىلماي ئۇزۇن ھەمراھ بولۇشلىرىغا ماس كەلمەيدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ ھەمراھلىقى ئۇزۇن ۋە كۆپ تۇرۇقلۇق، قىلغان رىۋايەتى ئاز). ئۇلارنىڭ رايلىرى ياكى ئۇنىڭ كۆپىنچىسى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن نەقىل قىلىنغان بولۇشى چوقۇم. لېكىن، ئۇلار نەقىللىرىدە ئىبارە خاتالىقى ياكى مەنە خاتالىقى بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكتىن، دېگەنلىرىنى رەسۇلۇللاھقا نىسبەت بەرمىگەن. بىز بۇنى تابىئىن دەۋرى ھەققىدە توختالغىنىمىزدا ئازراق بايان قىلىپ ئۆتىمىز. بىزنىڭ بۇ يەردە ئالغا سۈرمەكچى بولغىنىمىز شۇكى، ئۇلارنىڭ رايلىرى پۈتۈنلەي راي بولماستىن، ئۇنىڭدا كۆپلىگەن نەقىللەرمۇ بار. لېكىن، ئۇلار رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېمىگەننى ئۇ زاتنىڭ نامىدىن دەپ سېلىشتىن ياكى سۆزنى ئۇ زاتقا شۈبھە بىلەن نىسبەت بېرىپ قېلىشتىن قورققانلىقتىن، ئۇنى رەسۇلۇللاھقا نىسبەت بەرمىگەن.

[16] بۇ يەردە مۇنداق ئىككى خاتالىققا تۈزىتىش بېرىشىمىز كېرەك. بىرىنچىسى: بەزى كىشىلەر «ساھابەلەرنى سەھىھلىكى ئىسپاتلانغان ھەدىسنى تاشلاپ قويۇپ، ئۆزلىرىنىڭ رايلىرى بىلەن پەتۋا بەرگەن» دەپ چۈشىنىپ قالغان. ئۇلار ئۆمەرنى شۇنداق قىلغان دەپ دەۋا قىلغان، ھەتتا ئۇلار ئۆمەرنى ئۆزىنىڭ رايىغا تايىنىپ ياكى مەسلەھەنى تۇتۇپ، «قۇرئان كەرىم»نىڭ بەزى نەسلىرىنى تەرك ئەتكەن دەپ دەۋا قىلغان. بۇ، ھەقىقەتلەرنى ئىنچىكە تەكشۈرمىگەن ئادەم چۈشۈپ قالغان خاتالىقتۇر. ساھابەلەردىن ھېچكىم ئۆزىنىڭ رايى ئۈچۈن ياكى ئۆزى توغرا كۆرگەن مەسلەھە ئۈچۈن بىرەر نەسنى تەرك ئەتكەن ئەمەس. ساھابەلەر مەسلەھەلەرگە ئاساسلىنىپ پەتۋا بەرگەن بولسا، ئۇ مەسلەھەلەردە ھەرگىزمۇ بىرەر نەس بىلەن توقۇنۇشىدىغان نەرسە يوق. بەلكى ئۇ مەسلەھەلەر خاتاسىز ھالدا نەسلەرنىڭ مۇۋاپىق تەتبىقاتى ۋە شەرىئەت مەقسەتلىرىنىڭ توغرا چۈشەنچىسى بولغان ئىدى. بۇ ھەقتە كەلتۈرۈلگەن مىساللارغا قاراپ بېقىڭ، شەكسىزكى، ئۇ مەسلەھەلەرنىڭ چوقۇملا ئۆزگەرمەس ئاساسلاردىن بىرەر ئاساسقا بېرىپ تاقىلىدىغانلىقى، شەرىئەت نەسلىرىدىن مۇئەييەن بىر نەسكە خىلاپ كەلمەيدىغانلىقىنى كۆرىسىز. يۇقىرىدا سىزگە سەۋادۇلئىراق يەرلىرىنىڭ مەسىلىسىنى ئاڭلاتقان ئىدۇق. بۇ مەسىلە ئۇلار «ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەسلەھەنى دەپ نەسگە خىلاپلىق قىلدى» دەپ دەۋا قىلغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بىز ئۇنى ئۇشبۇ نەسنىڭ توغرا چۈشەنچىسى دەپ قارىغان ئىدۇق: ﴿وَٱعۡلَمُوٓاْ أَنَّمَا غَنِمۡتُم مِّن شَيۡءٖ فَأَنَّ لِلَّهِ خُمُسَهُۥ وَلِلرَّسُولِ وَلِذِي ٱلۡقُرۡبَىٰ وَٱلۡيَتَٰمَىٰ وَٱلۡمَسَٰكِينِ وَٱبۡنِ ٱلسَّبِيلِ / (ئى مۇئمىنلەر!) بىلىڭلاركى، سىلەر ئالغان غەنىيمەتنىڭ بەشتىن بىرى ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە، پەيغەمبەرنىڭ خىش ـ ئەقرىبالىرىغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، ئىبن سەبىللەرگە خاستۇر﴾(8/«ئەنفال»: 41). ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «بۇ نەس غەنىيمەت ئېلىنغان كۆچمە مۈلۈكلەر ھەققىدە نازىل بولغان، بۇ نەس فەتىھ قىلىنغان زېمىننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ» دەپ چۈشەنگەن ۋە ئۇنىڭ رايى «قۇرئان كەرىم»نىڭ بۇ ئوچۇق نەسسى بىلەن ئىسپاتلانغان: ﴿مَآ أَفَآءَ ٱللَّهُ عَلَىٰ رَسُولِهِۦ مِنۡ أَهۡلِ ٱلۡقُرَىٰ فَلِلَّهِ وَلِلرَّسُولِ وَلِذِي ٱلۡقُرۡبَىٰ وَٱلۡيَتَٰمَىٰ وَٱلۡمَسَٰكِينِ وَٱبۡنِ ٱلسَّبِيلِ كَيۡ لَا يَكُونَ دُولَةَۢ بَيۡنَ ٱلۡأَغۡنِيَآءِ مِنكُمۡۚ وَمَآ ءَاتَىٰكُمُ ٱلرَّسُولُ فَخُذُوهُ وَمَا نَهَىٰكُمۡ عَنۡهُ فَٱنتَهُواْۚ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَۖ إِنَّ ٱللَّهَ شَدِيدُ ٱلۡعِقَابِ / ئاللاھ پەيغەمبىرىگە غەنىيمەت قىلىپ بەرگەن ئەھلى قۇرا (يەنى قۇرەيزە، نەزىر، پەدەك ۋە خەيبەر كۇففارلىرى) نىڭ نەرسىلىرىنى (يەنى زېمىنلىرىنى)، ئىچىڭلاردىكى بايلار ئارىسىدا قولدىن قولغا ئۆتۈپ يۈرمەسلىكى ئۈچۈن، ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە، پەيغەمبەرنىڭ خىش ـ ئەقرىبالىرىغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، ئىبن سەبىللەرگە خاس قىلدى، پەيغەمبەر سىلەرگە بەرگەننى ئېلىڭلار، پەيغەمبەر چەكلىگەن نەرسىدىن چەكلىنىڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر﴾(59/«ھەشر»: 7).

ئىككىنچى خاتالىق: بەزى قانۇنشۇناسلار: «ھەدىسكە چىڭ ئېسىلىۋېلىپ پەقەت ھەدىس بىلەنلا پەتۋا بەرگەنلەر(16) ئەنئەنىلەرنى چىڭ تۇتىدىغان كونىچىلاردۇر، راي ئەھلى بولسا يېڭىلىق ياراتقۇچىلاردۇر، ئۇلار ئەنئەنىلەرگە چىڭ ئېسىلىۋالمايدۇ» دېگەن. بۇ ئىلمىيلىكتىن يىراق بىر گەپتۇر. چۈنكى، ئىككىلى گۇرۇپپا دىننى ۋە ئىسلامىي نەسلەرنى چىڭ تۇتقۇچىدۇر. ئىككى گۇرۇپپىنىڭ بىرى (يەنى ئەھلى ھەدىس) ئۆزلىرىنىڭ قاراشلىرىنى شارىئقا نىسبەت بېرىپ قويۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، شارىئتىن بىرەر نەس كەلمىگەن ئىشتا پەتۋا بېرىشتىن ئۆزلىرىنى چەتكە ئالغان. بۇ گۇرۇپپا ھاكىمىيەت ۋە دۆلەت ئىشلىرى بىلەن سىنالمىغانلار بولۇپ، ئەگەر سىنالسا ئىدى، دۆلەت ئىشلىرى ئۇلارنى، گەرچە نەس تاپالمىسىمۇ، ئىشلارنى كېسىپ بىرتەرەپ قىلىشقا قىستىغان بولاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە (دۆلەت ئىشلىرىغا ئارىلاشمىغاچقا) ئۇلارنىڭ پەتۋا بېرىشتىن ئۆزلىرىنى چەتكە ئېلىشلىرىدا ۋە رايغا چۆكۈشتىن ۋە راينىڭ يوللىرىنى تونۇشتىن باش تارتىشلىرىدا ھېچ زەرەر يوق ئىدى.

ئەمما، يەنە بىر گۇرۇپپىغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ھاكىمىيەت بىلەن سىنالغان. شۇڭا، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ رايى بىلەن ئىجتىھاد قىلىشى ۋە ئىشلارنى كېسىپ بىرتەرەپ قىلىشى زۆرۈر بولغان. خەلىفەنىڭ نەس تاپالمىسا، كىشىلەرنىڭ ئىسلاھاتىغا مۇناسىۋەتلىك بىر ئىشنى تاشلاپ قويۇشى ماقۇل ئەمەستۇر. ئەگەر شۇنداق قىلىپ قالسا، ئىشلار بىر ئىزدا توختاپ قالىدۇ، پاساتلار كېلىپ چىقىدۇ. ۋەھالەنكى ھاكىمىيەتنىڭ ئاساسى ئىسلاھتۇر، نەسلەردىمۇ شۇ ئىسلاھ تەكىتلىنىدۇ. ئەگەر نەس تېپىلمىسا، نەسلەرنىڭ جۇغلانمىسى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغان شەرىئەتنىڭ ئومۇمىي مەقسەتلىرى بىلەن ئىجتىھاد قىلىش يوللۇق بولىدۇ.

ئەھلى راي ئىچىدىن ھاكىمىيەت بىلەن سىنالمىغان كىشىلەر پەقەت نەقىلگىلا يۈزلەنگەنلىرىدە، رەسۇلۇللاھقا يالغان چاپلاپ قويۇشتىن ئەنسىرەيتتى. شۇڭا، ئۇلار رەسۇلۇللاھتىن چۈشەنگىنىنى رەسۇلۇللاھقا نىسبەت بەرمەستىن ئۆزلىرىگە نىسبەت بەرگەن ھالدا، شۇ چۈشەنگىنى بويىچە پەتۋا بېرەتتى، ئۇنىڭدىن چىقىپ كەتمەيتتى. چۈنكى، ئەگەر بەرگەن پەتۋاسى خاتا بولسا، ئۆزلىرىدىن بولاتتى. ئەگەر توغرا بولسا، ئاللاھنىڭ تەۋپىقىدىن بولاتتى.

[17] بۇ يەردە شۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشىمىز كېرەككى، ئۆزلىرىنىڭ رايلىرى بىلەن ئىجتىھاد قىلغان ساھابەلەر ئۆزلىرىنىڭ رايلىرىنىڭ شەرتسىز ئەگىشىلىدىغان ئايرىم بىر يول بولۇپ قالماسلىقىنى، شۇ رايلىرىنىڭ چوقۇنۇلىدىغان دىن بولۇپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلاتتى، ھەتتا بۇنى ئىمام ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئوچۇق ئېيتقان. ئۇ (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن ۋە ئىسلامغا بېغىشلىغانلىرى ئۈچۈن ياخشىلىق بىلەن مۇكاپاتلىسۇن!): «ئەي خالايىق! رەسۇلۇللاھنىڭ رايى توغرا ئىدى. چۈنكى، ئۇنىڭغا ئاللاھ توغرىنى كۆرسىتەتتى. بىزنىڭ رايىمىز پەقەت گۇمان ۋە زورۇقۇشتۇر» دېگەن. ئاللاھ رازى بولسۇن، ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «سۈننەت دېگەن ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى يولغا قويغان ئىشتۇر، خاتا راينى ئۈممەتكە سۈننەت قىلىپ بېكىتىۋالماڭلار».

بۇلار يەنى ئۆزلىرىنىڭ رايى بىلەن ئىجتىھاد قىلغانلار «رايلار بولسا كۈچلۈك گۇمان، خاتاغىمۇ ۋە توغرىغىمۇ ئېھتىمالى بار، ئۇنىڭغا شەرتسىز ئەگىشىش توغرا ئەمەس» دەپ قارايتتى. لېكىن، ئاشۇنىڭدىن كېيىن شۇنى كۆرىمىزكى، (ئۇلاردىن كېيىنكى) فۇقەھائنىڭ كۆپىنچىسى شۇ رايلارنى ئېتىراپ قىلغان، ئۇنىڭغا مۇخالىپ بولمىغان. ئەگەر فۇقەھائ‍ ئۇ رايلارنىڭ بەزىسىگە مۇخالىپ بولغان بولسا، يەنە بەزىسىگە مۇۋاپىق بولغان. ئۇلار ئومۇمەن ساھابەلەرنىڭ سۆزلىرىدىن چىقمىغان. گەرچە ئۇلارنىڭ بەزىسىگە مۇخالىپ يول تۇتسىمۇ، يەنە بەزىسىگە ئەگەشكەن.

ساھابەلەر دەۋرىدىكى فىقھىي مەنبەلەر

[18] يۇقىرىقىلاردىن شۇ ئايان بولىدۇكى، ساھابەلەرنىڭ نەزەرىدە مەنبە ئۈچ ئىدى: كىتاب، سۈننەت ۋە ھەر تۈرلۈك راي.

سۈننەت تېخى ئومۇمەن توپلىنىپ خاتىرىلەنمىگەن ئىدى. ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر ئىبنى ئاستەك بەزى كىچىك ساھابەلەرنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دەۋرىدە سۈننەتنى يېزىشقا تۇتۇشقانلىقىغا كەلسەك، شۇنىسى ئېنىقكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم پەيغەمبەرلىكنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە سۈننەت بىلەن «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئارىلىشىپ كېتىشىدىن خاتىرجەم بولغان چاغدا، سۈننەتنى يېزىۋېلىشقا رۇخسەت قىلغان.

لېكىن، ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر ۋە ئۇنىڭدىن باشقىلارنىڭ يېزىۋالغانلىرى ئۇلارنىڭ نەزەرىدە بىر خاتىرە ئىدىكى، كىشىلەرگە ئوقۇپ بېرىلگۈدەك توپلام سۈپىتىدە ئەمەس ئىدى. ئىمام ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ ئۇنىڭغا رۇخسەت قىلمايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ بىر پۈتۈن توپلام بولۇش دەرىجىسىگە يەتمىگەن.

سۈننەت ئۈچۈن مەجمۇئە بىر توپلام بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار سۈننەتنى رىۋايەت قىلىشتا راۋىيلارنىڭ ئەقىللىرى ساقلىۋالغان، دىللىرى يادلىۋالغان نەرسىلەرگە تايىناتتى. ئۇلار ئۆزلىرىگە بىرەر ھەدىس نەقىل قىلىنغاندا، راستلىقىنى ئېنىقلايتتى، ئۆزلىرى توغرا كۆرگەن تەكشۈرۈش ئۇسۇللىرى بىلەن تەكشۈرەتتى. ھالبۇكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزئارا ئادىل ئىدى. ھەزرىتى ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن ھەزرىتى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۇسۇلى بىراۋنىڭ ھەدىسنى رەسۇلۇللاھتىن ئاڭلىغانلىقىغا ئىككى ئادەم گۇۋاھلىق بەرمىگۈچە ھەدىسنى قوبۇل قىلماسلىق ئىدى. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىسنىڭ راستلىقىغا كۆڭلى ئەمىن بولۇشى ئۈچۈن، ھەدىسنى رىۋايەت قىلغان ئادەمنى قەسەم قىلدۇراتتى.

ئۇلارنىڭ ئىجتىھاد قىلىش ئۇسۇللىرى

[19] ئۇلارنىڭ ئىجتىھاد قىلىش ئۇسۇللىرى ھەر خىل بولغان. بايان قىلغىنىمىزدەك، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى كىتاب ۋە سۈننەتنىڭ دائىرىسى ئىچىدە ئىجتىھاد قىلاتتى، ئۇنىڭدىن ھالقىمايتتى. يەنە بەزىلىرى ئەگەر نەس تاپالمىسا راي بىلەن ئىجتىھاد قىلاتتى. ھالبۇكى راينىڭ شەكىللىرى ئوخشىمايتتى. ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇدتەك بەزىلىرى قىياس بىلەن ئىجتىھاد قىلاتتى، يەنە بەزىلىرى نەس يوق يەردە مەسلەھە بىلەن ئىجتىھاد قىلاتتى. بۇ ئوخشىماسلىق پەتۋا بېرىدىغان ۋەقەلىكلەرگە نىسبەتەن شۇنداقتۇر. ئۇلارنىڭ رايلىرى بەزىدە يەككە – يەككە بولاتتى. چۈنكى، راينىڭ تېمىسى جۇزئىي ئىدى، ئۇلارنىڭ بىرىدىن مەلۇم بىر جۇزئىي ھادىسىنىڭ ھۆكمى سورىلاتتى – دە، سورىغۇچىغا جاۋاب بېرەتتى. ئۇنىڭ رايىنىڭ يەككە بولۇشىنىڭ سەۋەبى، چۈنكى جاۋابتا باشقىسى ئۇنىڭغا ئورتاقلاشمىغان، ئۆزى يەككە جاۋاب بەرگەن. جۇزئىي بولۇشىنىڭ سەۋەبى، چۈنكى سوئالنىڭ تېمىسى جۇزئىيدۇر. گاھىدا سوئال تېمىسى ھەر جەھەتتىن شەخسكە ئائىت بولاتتى.

بەزىدە ئىجتىھاد شەخسكە ئەمەس، ئومۇمغا ئالاقىدار بىر تېما ھەققىدە بولاتتى ياكى ئىجتىھادتا ئومۇمىي بىر قائىدىنى مۇقىملاشتۇرۇش بولاتتى. بۇ ئىش يا ئاممىۋى بىر يىغىلىشتا بولاتتى ياكى ساھابەلەرنىڭ فۇقەھائلىرىگە خاس بىر يىغىلىشتا بولاتتى. چۈنكى، خۇلەفائى راشىدىنلار (ئۇلارغا ئاللاھ تابارەكە ۋەتائالانىڭ رازىلىقى بولسۇن!) ھەرقاچان ئۈممەتنىڭ تۈزۈمىگە تەسىرى بار بىرەر دۆلەت ئىشى يۈز بېرىپ قالسا، ساھابەلەرنى توپلاپ، شۇ ئىش توغرىسىدا ئۇلاردىن مەسلىھەت سورايتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئاخىرىدا ئوپچە بىر قارار چىقىراتتى.

ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىككى خىل شۇرانى يولغا قويغان ئىدى. بىرى شۇرا خاسسە، يەنە بىرى شۇرا ئاممە. «شۇرا خاسسە»گە ھەممىدىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتقان مۇھاجىر ۋە ئەنسارلار ئىچىدىكى چوڭ ساھابەلەردىن ئىبارەت پىكىر ئىگىلىرى قاتنىشاتتى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەيلى دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرى بولسۇن ياكى كىچىك ئىشلىرى بولسۇن ئوخشىمىغان نۇقتىئىنەزەرلەرگە ئېھتىياجلىق دۆلەتنىڭ ھەممە ئىشىدا ئۇلاردىن مەسلىھەت سورايتتى.

«شۇرا ئاممە»گە كەلسەك، بۇنىڭغا بارلىق مەدىنە ئەھلى قاتنىشاتتى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ (بۇ شۇرادا) دۆلەتنىڭ مۇھىم چوڭ ئىشلىرى ھەققىدە ئۇلاردىن مەسلىھەت سورايتتى ۋە بۇ ئىشلار كەلگۈسى ئۈممەت ئىچىدە ئۆزگەرمەس پرىنسىپلار قاتارىدا جارى بولىدىغان بىرەر قائىدىنىڭ روياپقا چىقىشىغا سەۋەب بولاتتى.

مۇشۇ تۈرلۈك بىرەر ئىش بولۇپ قالسا، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەدىنە ئەھلىنى جامەگە توپلايتتى. جامەگە سىغماي قالسا، مەدىنە سىرتىغا توپلايتتى ۋە ئۇلارغا مۇھىم ئىشنى تاشلايتتى. ئۇلار مۇھاكىمە قىلىشاتتى. ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ئۇلارغا سەۋادۇلئىراق ھەققىدە مەسلىھەت سورىشى شۇ جۈملىدىندۇر. يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، غازىيلارنىڭ رايى ئۇ يەرنى ئۆزلىرى ئارىسىدا بۆلۈش ئىدى. ئۆمەرنىڭ رايى بۆلمەسلىك ۋە ئۇ يەرنى ئەسلى ئىگىلىرىگە قالدۇرۇش ئىدى. ئۇلار ئىككى – ئۈچ كۈن مۇھاكىمە قىلىشتى. ئاخىرىدا، ھەزرىتى ئۆمەر ئۇلارغا ئاللاھ تائالانىڭ ﴿مَآ أَفَآءَ ٱللَّهُ عَلَىٰ رَسُولِهِۦ مِنۡ أَهۡلِ ٱلۡقُرَىٰ فَلِلَّهِ وَلِلرَّسُولِ وَلِذِي ٱلۡقُرۡبَىٰ وَٱلۡيَتَٰمَىٰ وَٱلۡمَسَٰكِينِ وَٱبۡنِ ٱلسَّبِيلِ / (ئاللاھ پەيغەمبىرىگە غەنىيمەت قىلىپ بەرگەن ئەھلى قۇرا (يەنى قۇرەيزە، نەزىر، پەدەك ۋە خەيبەر كۇففارلىرى) نىڭ نەرسىلىرىنى (يەنى زېمىنلىرىنى)، ئىچىڭلاردىكى بايلار ئارىسىدا قولدىن قولغا ئۆتۈپ يۈرمەسلىكى ئۈچۈن، ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە، پەيغەمبەرنىڭ خىش ـ ئەقرىبالىرىغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، ئىبن سەبىللەرگە خاس قىلدى، پەيغەمبەر سىلەرگە بەرگەننى ئېلىڭلار، پەيغەمبەر چەكلىگەن نەرسىدىن چەكلىنىڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر﴾(59/«ھەشر»: 7) دېگەن سۆزىنى كەلتۈرگىنىدە، ھەممىسى ئۆمەرنىڭ رايىغا قوشۇلۇپ، ئىش تامام بولدى.

مەدىنە ئاھالىسى بۇ جەھەتتە پروكلىسنىڭ دەۋرىدىكى ئافىنا ئاھالىسىگە ئوخشايتتى. چۈنكى، مەدىنە ئەھلىدىن بولغان ھەركىم دۆلەت ئىشلىرىغا پىكىر قاتناشتۇرالايتتى.

كۆپچىلىك يىغىلىپ ماقۇللىغان راي يەككە رايدىن كۈچلۈكتۇر. چۈنكى، كۆپچىلىكنىڭ رايى تېمىنى ھەر تەرەپتىن تەتقىق قىلىش ۋە ئوخشىمىغان نۇقتىئىنەزەرلەرنىڭ ئالمىشىشىنىڭ نەتىجىسى بولىدۇ، شۇڭا دۆلەت ئىشلىرى بۇ ئوپچە راينىڭ تەقەززاسى بويىچە ماڭاتتى.

ساھابە، تابىئىن ۋە مۇجتەھىدلەردىن كېيىن كەلگەن ئەۋلادلار ئەنە شۇ ئوپچە راينى «ئىجماﺋ» دەپ ئاتىدى ۋە ئۇنى تۆتىنچى مەنبە دەپ سانىدى. شۇنىڭ بىلەن مەنبەلەر ئۇلارنىڭ نەزەرىدە تۆت بولدى: كىتاب سۈننەت، ئىجماﺋ ۋە راي.

[20] يۇقىرىقىلاردىن ئايان بولىدۇكى، ساھابەلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىجتىھادلىرى ۋە رايلىرىدا پەرقلىنەتتى. گاھىدا ئۇلار مۇھاكىمەلەشكەندىن كېيىن بىر پىكىرگە بېرىپ توختايتتى. ئەنە شۇ ئىجماﺋ بولاتتى. بۇ ئۇلارنىڭ ئومۇمىي مەسىلىلەردىكى كۆپىنچە ھالىتىدۇر.

گاھىدا ئۇلارنىڭ ئىختىلاپى داۋاملىشاتتى.

ئۇلارنىڭ ئىختىلاپىنىڭ سەۋەبلىرىنى مۇنداق ئىككى قىسىمغا بۆلسەك توغرا بولىدۇ:

بىرىنچى قىسىم: نەسلەر ھەققىدە ئىختىلاپ قىلىش. ئۇلارنىڭ نەسنىڭ ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ مەنىگە ئېھتىماللىقى بولغانلىقى سەۋەبىدىن، نەسنى چۈشىنىشتە ئىختىلاپ قىلىشى شۇ قاتاردىندۇر. مەسىلەن، ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿وَٱلۡمُطَلَّقَٰتُ يَتَرَبَّصۡنَ بِأَنفُسِهِنَّ ثَلَٰثَةَ قُرُوٓءٖۚ / تالاق قىلىنغان ئاياللار ئۈچ ھەيز ئۆتكۈچە ئىددەت تۇتىدۇ﴾(2/«بەقەرە»: 228) سۆزىدىكى «قۇرۇﺋ (قُرُوٓءٖ)»نىڭ مەنىسى ھەققىدە ئىختىلاپلاشقان. چۈنكى، «الْقَرْءُ» ئىككى خىل مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ. بىرىنچىسى، ئۇ كەلىمەدىن «ئىككى ھەيز ئوتتۇرىسىدا بولىدىغان پاكلىق» كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئىككىنچىسى، گاھىدا ئۇنىڭدىن «ھەيزنىڭ ئۆزى» كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد ۋە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما «ئۇنىڭدىن ھەيز مەقسەت قىلىنىدۇ» دەپ چۈشەنگەن. شۇڭلاشقا بۇلارنىڭ ۋە بۇلارغا ئەگەشكەن ئىماملارنىڭ نەزەرىدە تالاق قىلىنغان ئايالنىڭ ئىددىتى ئۈچ ھەيز بولغان. زەيد ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «بۇ نەستىكى ‹قُرُوٓءٖ›دىن بىر ھەيز بىلەن يەنە بىر ھەيز ئوتتۇرىسىدا بولىدىغان پاكلىق مەقسەت قىلىنىدۇ» دەپ چۈشەنگەن. بۇ بويىچە، تالاق قىلىنغان ئايالنىڭ ئىددىتى ئۈچ پاكلىق بولىدۇ.

گاھىدا ئۇلارنىڭ نەسلەر ھەققىدىكى ئىختىلاپىنىڭ سەۋەبى نەسلەرنىڭ زاھىرلىرىنىڭ ئۆزئارا توقۇنۇشلۇق بولغانلىقىدۇر. ئۇلارنىڭ ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن ھامىلىدار ئايالنىڭ ئىددىتى ھەققىدىكى ئىختىلاپى شۇ قاتاردىندۇر. بۇنداق ئايالنىڭ ئىددىتى توغرىسىدا ئىككى نەس كەلگەن بولۇپ، قارىماققا، ئۇ ئىككى نەسنىڭ ئوتتۇرىسىدا زىتلىق باردەك كۆرۈنۈپ قالىدۇ. ئۇ ئىككى نەسنىڭ بىرى، ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿وَأُوْلَٰتُ ٱلۡأَحۡمَالِ أَجَلُهُنَّ أَن يَضَعۡنَ حَمۡلَهُنَّۚ / ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئىددىتى بوشىنىش بىلەنلا تۈگەيدۇ﴾(65/«تالاق»: 4) دېگەن سۆزىدۇر. يەنە بىرى، ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿وَٱلَّذِينَ يُتَوَفَّوۡنَ مِنكُمۡ وَيَذَرُونَ أَزۡوَٰجٗا يَتَرَبَّصۡنَ بِأَنفُسِهِنَّ أَرۡبَعَةَ أَشۡهُرٖ وَعَشۡرٗا / ئىچىڭلاردا ئۆزى ۋاپات بولۇپ ئاياللىرى قېلىپ قالغان كىشىلەر بولسا، ئاياللىرى تۆت ئاي ئون كۈن ئىددەت تۇتۇشى لازىم﴾(2/«بەقەرە»: 234) دېگەن سۆزىدۇر. بىرىنچى ئايەتنىڭ ئومۇمى لەفزىدىن شۇ چىقىدۇكى، ئۇ ئايەت ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن ھامىلىدار ئايالنىمۇ، تالاق قىلىنغان ھامىلىدار ئايالنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىككىنچى ئايەتنىڭ ئومۇمى لەفزىدىن شۇ چىقىدۇكى، ئۇ ئايەت مەيلى ھامىلىدار بولسۇن ياكى ھامىلىدار بولمىسۇن، ئېرى ئۆلۈپ كەتكەننىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئارىسىدا زىتلىق باردەك كۆرۈنىدىغان بۇ ئىككى نەس ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن ھامىلىدار ئايالنى تالىشىپ قالغان. شۇ جەھەتتىن، ساھابەلەر بۇ مەسىلىدە ئىختىلاپلاشقان. ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتقانكى: «ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿وَأُوْلَٰتُ ٱلۡأَحۡمَالِ أَجَلُهُنَّ / ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئىددىتى﴾ دېگەن سۆزى ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿وَٱلَّذِينَ يُتَوَفَّوۡنَ مِنكُمۡ / ئىچىڭلاردا ئۆزى ۋاپات بولۇپ﴾ دېگەن سۆزىدىن ھامىلىدار ئايالنى چىقىرىۋېتىدۇ». ئۇنداق بولغاندا، ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن ھامىلىدارنىڭ ئىددىتى بىرىنچى نەسنىڭ تەقەززاسى بويىچە ھامىلىنى تۇغقۇچە بولىدۇ. ئىمام ئەلى كەررەمەللاھۇ ۋەجھەھۇ بولسا ئىككىلى نەسكە ئەمەل بەرگەن ۋە ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن ھامىلىدارنىڭ ئىددىتىنى مۇددەت تۆت ئاي ئون كۈندىن تۆۋەن بولۇپ قالماسلىق شەرتى بىلەن ھامىلىنى تۇغقۇچە دەپ ھېسابلىغان. يەنى بۇ ئايال ئىككى مۇددەتنىڭ ئۇزۇنراقى بىلەن ئىددەت تۇتىدۇ: يا ھامىلىنى تۇغقۇچە، يا تۆت ئاي ئون كۈن.

ئۇلارنىڭ نەسلەر ھەققىدىكى بەزى ئىختىلاپى رىۋايەت سەۋەبلىكمۇ بولغان. يەنى ئۇلارنىڭ بىرى ئۆزىنىڭ رايى بىلەن پەتۋا بېرىدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ نەزەرىدە تېمىغا مۇناسىۋەتلىك بىرەر ھەدىس سەھىھ بولمىغان. يەنە بىرى ھەدىس بىلەن پەتۋا بېرىدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ نەزەرىدە ھەدىس سەھىھ بولغان(17).

ئىككىنچى قىسىم:

ئىختىلاپنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى ئۇلارنىڭ راي سەۋەبلىك ئىختىلاپلىشىشىدۇر. چۈنكى، راينىڭ ئىشىكى كەڭرىدۇر، ھەر مۇجتەھىدنىڭ ئۆزىگە خاس نەزەرى ۋە پىكىر يۆنىلىشى بار. بىر مۇجتەھىد توغرا كۆرگەننى يەنە بىر مۇجتەھىد توغرا كۆرمەسلىكى مۇمكىن. شۇ ئاشكارىدۇركى، ئىختىلاپلارنىڭ كۆپ بولۇشىنىڭ سەۋەبى مانا مۇشۇدۇر.

ئۇلاردىن نۇرغۇن مەسىلىلەر رىۋايەت قىلىنغان بولۇپ، ئۇ مەسىلىلەردە ئۇلارنىڭ كۆزقاراشلىرى ھەر خىل بولغان. شۇ جۈملىدىن، ئۇلار ئۆلگۈچىنىڭ قېرىنداشلىرى ۋە ھەمشىرىلىرى بار ھالەتتە، بوۋىسىنىڭ يەنى ئاتا تەرەپ چوڭ دادىسىنىڭ مىراس ئېلىشى ھەققىدە ئىختىلاپلاشقان. ھەزرىتى ئەبۇبەكرى «بوۋا ئۇلارنى مىراستىن چەكلەپ قويىدۇ، خۇددى ئاتا بار ھالەتتە ئۇلار ھېچنېمىنى مىراس ئالالمىغاندەك، بوۋا بار ھالەتتە ھېچنېمىنى مىراس ئالالمايدۇ» دەپ قارىغان. ئەبۇ ھەنىفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇشۇ قاراشنى تۇتقان. ھەزرىتى ئۆمەر سۈكۈتتە تۇرۇپ ساھابەلەردىن سورىغان. زەيد ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق پەتۋا بەرگەن: «بوۋىغا بىر قېرىنداشنىڭ ئۈلۈشى بېرىلىدۇ، بوۋا قېرىنداشلارنى مىراستىن چەكلىيەلمەيدۇ، ھەتتا ئۇ ئۈچ مىراسخورنىڭ ئۈچىنچىسىگە ئايلىنىدۇ، يەنى بوۋا ئۈلۈشى ئۈچتىن بىردىن ئاز بولماسلىق شەرتى بىلەن مىراستا بىر قېرىنداشنىڭ ئۈلۈشىنى ئالىدۇ». بۇ ھەقتە مىراس كىتابلىرىدا روشەن تەپسىلاتلار بار. ھەزرىتى ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب: «بوۋا نېسىۋىسى ئالتىدىن بىردىن ئاز بولماسلىق شەرتى بىلەن بىر قېرىنداشتەك مىراس ئالىدۇ» دېگەن.

كۆپچىلىك فۇقەھائ‍ زەيد ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ رايىنى تۇتقان. تارىخىي سىياقتىن شۇ ئاشكارا بولىدۇكى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇشۇ راينى ئىختىيار قىلغان.

ساھابەلەرنىڭ فۇرۇئاتتىكى ئىجتىھادىغا ئىخلاس رەھبەر بولغان ئىدى. چۈنكى، ساھابەلەرنىڭ فۇقەھائلىرى مۇئمىنلەرنىڭ ئەڭ سۈزۈكلىرى ئىدى. شۇڭا، ئۇلار بەرگەن پەتۋالىرىدا دىنىي ھەقىقەتنى ئىزدەيتتى ۋە قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر توغرىنى ئىزدەيتتى.

ئۇلار بۇ ئىجتىھاد بىلەن ۋە چۈشەنچە ئوخشىماسلىقى بىلەن ئۆزلىرىدىن كېيىنكى ئەۋلادلارغا مۇنداق ئىككى خىل پايدا يەتكۈزگەن:

بىرىنچىسى: ئۇلار كىشىلەرگە ئىجتىھادنىڭ توغرا يولىنى سىزىپ بەرگەن. شۇنداقلا ئۇلار ھەقىقەت ئىزدەشتىكى ئىختىلاپقا ئىخلاس رەھبەر بولىدىكەن، بۇ ئىختىلاپنىڭ بىرلىككە تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقى، بەلكى ئۇنىڭ ئەقىل ۋە چۈشەنچىلەرنى بىلەيدىغانلىقى، ئىشنى ھەممە تەرەپتىن تەتقىق قىلغان ئادەمنى روشەن ھەقكە يەتكۈزىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

ئىككىنچىسى: ئۇلار مول فىقھىي بايلىقلارنى قالدۇرغان بولۇپ، بۇ فىقھىي بايلىقلار كىشىنى ئىزدىنىشكە قىزىقتۇرىدۇ، قاتماللىقنى سۆكىدۇ، قولايلاشتۇرۇش ئىشىكىنى ئاچىدۇ. ئۇلار مەيلى ئىتتىپاقلاشقانلىرىدا بولسۇن، مەيلى ئىختىلاپلاشقانلىرىدا بولسۇن، ئۆزلىرىدىن كېيىنكى ئىجتىھاد خىزمىتىگە ئۇلۇغ پايدىلارنى قالدۇرغان.

ھەتتا ئىمام شاتىبىي «ئەلئىئتىسام (الاعتصام)» ناملىق كىتابىدا: «ئۇلارنىڭ ئىختىلاپى ئۈممەتكە رەھمەت بولغان» دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ كىتابىدا قاسىم ئىبنى مۇھەممەدنىڭ: «ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن رەسۇلۇللاھنىڭ ساھابەلىرىنىڭ ئەمەلدىكى (يەنى فىقھتىكى) ئىختىلاپى بىلەن ئۈممەتكە پايدا يەتكۈزدى. كىشى ساھابەلەرنىڭ قايسىبىرىنىڭ ئىلمىگە (كۆزقارىشىغا) ئەمەل قىلسا، ئۆزىنى بىر كەڭچىلىكتە كۆرىدۇ» دېگەنلىكى بايان قىلىنغان. زەمرە ئىبنى رەجائدىن رىۋايەت قىلىنىشىچە: «ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز بىلەن قاسىم ئىبنى مۇھەممەد جەم بولۇپ، ھەدىس توغرۇلۇق مۇزاكىرىلەشتى. ئۆمەر قاسىمغا مۇخالىپ ھالدا بىرنەرسىنى كەلتۈرۈۋېدى، قاسىم ئىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالغۇچە ئۇنىڭغا بۇ ئېغىر كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆمەر قاسىمغا: ‹بۇنداق قىلما، ئۇلارنىڭ ئىختىلاپىنىڭ باراۋىرىگە مەن ئۈچۈن قىزىل تۆگىلەرنىڭ بولۇشىمۇ مېنى خۇرسەن قىلالمايدۇ› دېدى». ئىبنى ۋەھب يەنە قاسىمدىن ئۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان: «ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزنىڭ ئۇشبۇ سۆزى مېنى بەك سۆيۈندۈرىدۇ: ‹مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابەلىرىنىڭ ئىختىلاپلاشمىغان بولۇشىنى ياقتۇرمايمەن. چۈنكى، ئەگەر ھەممىسى بىر قاراشتا بولسا ئىدى، كىشىلەر تارچىلىقتا قالاتتى. ئۇلار ئەگىشىشكە تېگىشلىك ئىماملاردۇر. كىم ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ سۆزىنى تۇتسا، سۈننەتنى تۇتقان بولىدۇ›». بۇنىڭ مەنىسى: «ئۇلار كىشىلەرگە ئىجتىھادنىڭ ئىشىكىنى ۋە ئىجتىھادتىكى ئىختىلاپنىڭ جائىزلىقىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ بەردى. ئۇلار بۇنى ئېچىپ بەرمىگەن بولسا ئىدى، مۇجتەھىدلەر تارچىلىقتا قالاتتى. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ فۇرۇئىي ئىختىلاپلىرى سەۋەبىدىن ئۈممەتكە كەڭرىچىلىكنى قىلىپ بەردى. نەتىجىدە ئۇلارنىڭ ئىختىلاپى ئۈممەتكە رەھمەت بولدى» دېگەنلىكتۇر(18).

[21] ساھابەلەردىن ھەقىقەتەن رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتى قاتارىغا قوشۇلىدىغان بىر فىقھىي توپلام ساقلىنىپ قالغان ۋە ئۇنىڭ ئومۇمىسى «سۈننەت» دەپ ئاتالغان. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە نىسبەت بېرىلگەن نەرسە «ھەدىس» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭغا بىنائەن، ھەدىس سۈننەتتىن خاسراق مەنىدە بولىدۇ. ساھابەلەرنىڭ سۆزلىرىنىڭ كېيىنچە ئىسلام قانۇنشۇناسلىقى تارىخىدا چوڭ ئېتىبارى بولغان. ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز ساھابەلەرنىڭ سۆزلىرىنى ھۆججەت دەپ ئېتىبارغا ئالاتتى ۋە ئۇنىڭ كىشىلەرگە قانۇن بولۇشى ئۈچۈن، ئۇنى توپلاشنى، ئۇنى ئىسلامىي رايونلارغا ئەۋەتىپ، كىشىلەرنى ئۇنىڭغا ئەگىشىشكە ئۈندەشنى ئىرادە قىلغان.

ئابدۇللاھ ئىبنى مۇقەففەئنىڭ رىسالەسىمۇ مۇشۇنى مەزمۇن قىلغان. ئەينى چاغدا ئۇ خەلىفە ئەبۇ جەئفەر مەنسۇرغا دۆلەتنى ئىدارە قىلىدىغان بىر قانۇن تۈزۈلۈشى، بۇ قانۇننىڭ ساھابەلەرنىڭ سۆزلىرىدىن تاللىنىشى، ساھابەلەرنىڭ ئىتتىپاقلاشقان مەسىلىلىرىنى ئېلىپ، ئىختىلاپلاشقان مەسىلىلىرىدە ئۇلارنىڭ كىشىلەرگە ئەڭ پايدىلىق بولغان سۆزلىرىنى تاللاش تەكلىپى بەرگەن.

ئەبۇ جەئفەر ئۆزىمۇ شۇ يولدا ماڭغان بولۇپ، ئىمام مالىكتىن ھەممە ئەگىشىدىغان بىر قانۇن قىلىنىش ئۈچۈن سۈننەتلەرنى يېزىپ توپلاشنى تەلەپ قىلغان. دارۇلھىجرەت(19)نىڭ ئىمامى (ئىمام مالىك) ئۇنىڭ تەلىپىنى قوبۇل كۆرگەن. بۇ توپلاش مەھدىينىڭ دەۋرىدە پۈتكەن چاغدا، ئىمام ئۆزىنىڭ توپلىغانلىرىنىڭ قانۇن قىلىنىشىدىن يېنىۋالغان. چۈنكى، ئۇ مەدىنە رىۋايەتلىرىنى توپلىغان ئىدى، ھالبۇكى ساھابەلەر ئىسلامىي رايونلارغا چېچىلىپ كەتكەنلىكتىن، سۈننەتلەرمۇ گەرچە خېلى كۆپرەكى مەدىنەدە بولسىمۇ، ئۇلار بىلەن تەڭ چېچىلىپ كەتكەن ئىدى.

نېمىلا بولمىسۇن، ساھابەلەرنىڭ سۆزلىرى «ئەگىشىش ۋاجىب بولغان ۋە ئىجتىھادنىڭ شۇ دائىرىدە بولۇشى لازىم بولغان ھۆججەت» دەپ ئېتىبارغا ئېلىنغان. ئىنشائاللاھ بۇنى كېيىنرەك بايان قىلىمىز.

ئۈچىنچى باسقۇچ: تابىئىن دەۋرىدىكى ئىجتىھاد

[22] ساھابەلەرنىڭ قولىدا ئۇلارنىڭ شاگىرتلىرى يېتىشىپ چىقتى ۋە ئۇلار «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئاتىشى بويىچە «تابىئىن» دەپ ئاتالدى. چۈنكى، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئېيتقانكى: ﴿وَٱلسَّٰبِقُونَ ٱلۡأَوَّلُونَ مِنَ ٱلۡمُهَٰجِرِينَ وَٱلۡأَنصَارِ وَٱلَّذِينَ ٱتَّبَعُوهُم بِإِحۡسَٰنٖ رَّضِيَ ٱللَّهُ عَنۡهُمۡ وَرَضُواْ عَنۡهُ / ھەممىدىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتقان مۇھاجىرلار ۋە ئەنسارلاردىن، ياخشىلىق قىلىش بىلەن ئۇلارغا ئەگەشكەنلەر (يەنى تابىئىن) دىن ئاللاھ رازى بولدى﴾(9/«تەۋبە»: 100). دېمەك، بۇ ئاتاقنى ئۇلارغا ئاللاھ بەردى. بۇ شۇنداق بىر شەرەپكى، ئۇنىڭدىن ئۈستۈن شەرەپ يوقتۇر.

تابىئىن كېلىپ، رىۋايەت ۋە فىقھىي ئىجتىھادتىن ئىبارەت مول بىر بايلىقنى تاپتى – دە، ئۇلار مۇنداق ئىككى خىل خىزمەتنى قىلدى:

بىرىنچى خىزمەت: بۇ ئىككى بايلىقنى توپلاش. ئۇلار رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسلىرىدىن ئىبارەت رىۋايەتلەرنى توپلىدى ھەمدە ساھابەلەرنىڭ سۆزلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئىجتىھادلىرىنى توپلىدى. ھەربىر تابىئىننىڭ ساھابەنىڭ ئىلمىنى كېيىنكىلەرگە يۆتكەش ئۈچۈن، بىر ياكى بىردىن كۆپ ساھابەگە شاگىرت بولغانلىقى بۇ ئىشنى قولايلاشتۇردى. بەزى ساھابەلەرنىڭ كۆپ شاگىرتى بولغان ئىدى. مەسىلەن، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ قولىدا كۆپلىگەن تابىئىن ئوقۇپ پۈتتۈرگەن. ئۇ تابىئىندىن: سەئىد ئىبنى مۇسەييەب، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ ئازادگەردىسى ناﻓﯩﺌ، ئوغلى سالىم ۋە باشقىلار. ھەربىر ساھابەنىڭ ئۇنىڭ ئىلمىنى يۆتكەيدىغان مەخسۇس كىشىلىرى بار ئىدى. بۇ شاگىرتلارنىڭ كۆپىنچىسى مەۋالىيلاردىن ئىدى، ئەرەبلەردىن ئەمەس ئىدى. تابىئىن بۇ شاگىرتلىق تەقەززاسى بىلەن ھەم ساھابەلەرنىڭ رەسۇلۇللاھتىن بىۋاسىتە تەلىم ئالغانلىقى ئورنى بىلەن ساھابەلەرنىڭ سۆزلىرىنى ھۆججەت دەپ قارايتتى.

ئىككىنچى خىزمەت: ئۇلارنىڭ ساھابەلەرنىڭ بىرەر رايىمۇ بىلىنمىگەن ۋە «قۇرئان» ياكى سۈننەتتىن بىرەر نەسمۇ بولمىغان مەسىلىلەردە ئىجتىھاد قىلىشى. ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى نەقىل قىلغان ھەدىسلەر ۋە پەتۋالاردىن باشقا ئىجتىھاد ۋە رايلىرىمۇ بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىجتىھادى ساھابەلەر ئۇلارغا ۋە ئۇلاردىن كېيىن كەلگەنلەرگە سىزىپ بەرگەن ساھابەلەر مېتودىدىن چىقىپ كەتمەيتتى.

رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسلىرىنى توپلاشتىن ئىبارەت ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى ۋەزىپە ئاسان ئەمەس ئىدى. چۈنكى، ساھابەلەر ھەر خىل ئىسلامىي رايونلارغا چېچىلىپ كەتكەن ئىدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئىراقنى ماكان تۇتقان، بەزىلىرى شامنى ماكان تۇتقان. يەنە بەزىلىرى ئۇنىڭدىن باشقا جايلارغا كەتكەن ئىدى. لېكىن، ھەر تابىئىن ئۆزى ئۇچراشقان ساھابەلەردىن رىۋايەت قىلىش بىلەن كۇپايىلەنگىنىدە، شۇنداقلا ئۇمەۋىيلەر دەۋرىنىڭ دەسلىپىدە مەدىنەدىن يۆتكىلىپ كەتكەن ساھابەلەرنىڭ كۆپىنچىسى مەدىنەگە قايتىپ مەدىنە ئاۋۋالقىدەك نۇرىستانغا ئايلانغان چاغدا، ئىش ئۇلارغا ئاسانلاشتى. نەتىجىدە ساھابەلەرنىڭ ۋە كۆپىنچە تابىئىننىڭ ئىلمى مەدىنەدىن ئېتىلىپ چىقتى.

ئەمەلىيەتتە، ئۇمەۋىيلەر دەۋرىدىن بۇرۇنمۇ مەدىنەدىن چىقىپ كەتكەنلەر كۆپ سانلىق ئەمەس، بەلكى ئاز سانلىق ئىدى. چۈنكى، مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ چوڭ ساھابەلەرنى مەدىنەدە تۇتۇۋېلىپ، ئۇلارنى مەدىنەدىن چىقارمىغان. بىرىنچىدىن: ئۇلارنىڭ رايىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن؛ ئىككىنچىدىن: ياخشى سىياسەت بەلگىلەش ۋە ئىشلارنى ئەڭ كامىل رەۋىشتە ئورۇنلاشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك سەۋەبلەر ئۈچۈن. لېكىن، خەلىفەلىك زۇننۇرەين ئوسمان ئىبنى ئەففاننىڭ قولىغا ئۆتكەن چاغدا، ئۇ ئۇلارنىڭ مەدىنەدىن چىقىشىغا رۇخسەت بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ بەزىلىرى چىققان. چىققانلارنىڭ كۆپىنچىسى فۇقەھائدىنمۇ ئەمەس ۋە چوڭ ساھابەلەردىنمۇ ئەمەس ئىدى. ئەمما، ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد، ئەبۇ مۇسا ئەشئەرىي ۋە ئۇنىڭدىن باشقىلاردەك ھەزرىتى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دەۋرىدە ئۇنىڭ رۇخسىتى بىلەن چىققانلار بۇنىڭ سىرتىدا.

خېلى كۆپ ساھابەلەر ئۇلارنىڭ ئىلمىنى تارقاتقان شاگىرتلىرىنىڭ كۆپلۈكى بىلەن مەشھۇر بولغان، مەسىلەن ئىراقتا ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد، مەدىنەدە ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر، ئۇنىڭ دادىسى فارۇق، زەيد ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇم ۋە ئۇنىڭدىن باشقىلار. بۇ ھەقتە ئىبنۇلقەييىم رەھىمەھۇللاھ ئېيتقانكى: «دىن ۋە فىقھ ئۈممەتكە ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ شاگىرتلىرىدىن، زەيد ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ شاگىرتلىرىدىن، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ شاگىرتلىرىدىن ۋە ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ شاگىرتلىرىدىن تارقالغان. ئىراق ئەھلىنىڭ ئىلمى بولسا (ئۇلارغا) ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ شاگىرتلىرىدىن تارقالغان».

ئىمام ئىبنۇلقەييىم ئىبنى جەرىرنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى نەقىل قىلىدۇ: «دېيىلىشىچە، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ۋە ئىبنى ئۆمەردىن كېيىن مەدىنەدە ياشىغان ساھابەلەر جامائىتى زەيد ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مەزھەبى بويىچە پەتۋا بېرەتتى، ئۇلار قايسى ئىشتا رەسۇلۇللاھنىڭ بىرەر سۆزىنى ئەستە تۇتۇۋالالمىغان بولسا، شۇ ئىشتا زەيد ئىبنى سابىتنىڭ قارىشىنى قوبۇل قىلاتتى»(20).

شەكسىزكى، ئىمام ئىبنۇلقەييىم (يۇقىرىقى سۆزىدە) پەقەت پەتۋا ۋە فىقھتا مۇتەخەسسىسلەشكەن ساھابەلەرنىڭ بەزىسىنى ساناپ قويغان. ئۇنداق دېمىسەك، ساھابەلەر ئىچىدە ئۇلاردىن باشقىمۇ قاراشلىرى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان نۇرغۇنلار بار ئىدى، مەسىلەن ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب ‏كەررەمەللاھۇ ۋەجھەھۇ،‏ مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە، يەنە تېخى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قاتارلىقلار. بۇ تۆتىنىڭ بەزىسى ئۆمەرنىڭ فىقھىسىنى رىۋايەت قىلاتتى. مەسىلەن، ئۇنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ ئۇنىڭ فىقھىىسىنى رىۋايەت قىلاتتى. زەيد ئىبنى سابىت، ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ۋە باشقىلار ھەر ئىشتا ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ئۆزلىرىگە ئۈلگە قىلاتتى ۋە ئۇنىڭ (قازىلىق سۈپىتى بىلەن چىقارغان) كۆپلىگەن ھۆكۈملىرى ۋە رايلىرىدا ئۇنىڭ ئىزىدىن ماڭاتتى.

[23] تابىئىن ئىجتىھادلىرىدا، ئەگەر ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بىرەر نەسنىمۇ ۋە ساھابەنىڭ پەتۋاسىنىمۇ تاپالمىسا، سۈكۈتتە تۇرماستىن ئۆزىنىڭ رايى بىلەن پەتۋا بېرەتتى، بەزىلىرى سۈننەتتىن ياكى «قۇرئان كەرىم»دىن تايانغۇدەك بىرنەرسە تاپالمىسا، ئىجتىھاد قىلىشتىن چېكىنەتتى. ئۇلارنىڭ ساھابەلەر دەۋرىدىكى ئىجتىھادى مۇشۇنداق ئىدى. لېكىن، ئىككى مېتود ئوتتۇرىسىدىكى پەرق تولۇق روشەن بولمىغانىدى. چۈنكى، كۆپلىگەن ساھابەلەر رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن تەلىم ئالغانلىقى ئۈچۈن سۈننەتلەرنى بىلەتتى.

ئەمما، تابىئىننىڭ دەۋرىدە ئىككى مېتود ئوتتۇرىسىدا روشەن پەرق بولدى ۋە ئىككى مېتود ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىق كېڭەيدى. ئۇنداق بولۇشى، چۈنكى مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپلار ئېغىرلىشىپ، ئۆزئارا قارشىلىشىش كۈچەيدى ۋە ئاسانلا بىر – بىرىگە «كافىر»، «پاسىق» ۋە «ئاسىي» كەلىمەلىرىنى قوللىنىشتى، نەتىجىدە ئاسانلا بىر – بىرىگە قىلىچ كۆتۈرۈپ، بىر – بىرىنى ئۆلتۈرۈشتى. شۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلار خاۋارىج، شىئە ۋە ئەھلىسۈننەتكە بۆلۈندى. ئاندىن ئۇلار ئىچىدە كىشىلەرگە چۈشكەن بالاغا رازى بولۇپ، فىتنەلەردىن يىراق تۇرغان ۋە ئۇنىڭغا ئارىلاشمىغان سۈكۈت قىلغۇچىلار بار بولدى. خاۋارىجلار بىر – بىرىگە زىت نەچچە پىرقە ئىدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئەزرەقىيلەر، ئىبازىيلار، نەجداتلار ۋە باشقا ئىسىملىكلەر ئايرىلىپ چىقتى. شىئەلەرمۇ بىر – بىرىگە زىت نەچچە ئېقىم ئىدى، ئۇلار ئىچىدە ئەگەر بۇرۇن ئىسلامغا كىرگەن بولسا، ئۆزلىرىنىڭ قاراشلىرى بىلەن ئىسلامدىن چىقىپ كەتكەنلەر بار ئىدى. چۈنكى، ئۇلارنىڭ قاتارىدا مۇسۇلمانلارنى بۇزۇش مەقسىتىدە يالغاندىن ئىسلامغا كىرگەنلەر بار ئىدى. ئۇلارنىڭ غېمى دىنغا ياردەم بېرىش ئەمەس، بەلكى كونا دىنلىرىنىڭ كۈچىنى ياكى نوپۇزىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ھېچبولمىغاندا دىنلىرىنىڭ شەۋكىتىنى يوق قىلغانلاردىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن، ياكى مۇسۇلمانلارنىڭ قاپقاراڭغۇ زۇلمەت ئىچىدە ياشىشى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىچىدە ئاللاھنىڭ نۇرىنىڭ ئۆچۈشى ئۈچۈن، دىننى تېگىدىن ئۆرۈپ تاشلاش ئىدى.

بۇنىڭ نەتىجىسىدە، بەزى كىشىلەردە دىنىي ئاڭ تۆۋەنلەپ، رەسۇلۇللاھنىڭ نامىدىن يالغان ھەدىس سۆزلەش كۆپەيدى. بۇ ئىش مۇئمىنلەرنىڭ چوڭلىرىنى چۆچۈتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۇ توقۇلمىلارنى يوقىتىش ۋە ئۇنىڭ پەردىسىنى ئېچىپ تاشلاش ئۈچۈن ھازىرلىق كۆرۈپ، ئېنىق سەھىھ ھەدىسلەرنى توپلىماقچى بولدى. ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇشۇ سەۋەبتىن ھەمدە شەرئىي ئەھكاملارنى توغرا تەتبىقلاشقا ئالاقىدار سەۋەبلەردىن، سەھىھ سۈننەتلەرنى توپلاشنى ئويلىدى.

[24] بۇ ۋە باشقا سەۋەبلەردىن، ئىككى مېتود ئوتتۇرىسىدا يوچۇق كېڭىيىپ، بۇلۇڭ ئېچىلدى. ھەربىر جامائە ساھابەلەردىن ئىبارەت ئىلگىرىكىلەر ماڭغان يولدىن كەڭرەك بىر يولدا ماڭدى (ساھابەلەرگە ئاللاھنىڭ رازىلىقى بولسۇن!). شۇڭا، بىز رىۋايەتنى ئارتۇق كۆرىدىغانلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ يولىنى تېخىمۇ چىڭ تۇتۇپ ماڭغانلىقىنى ۋە «بۇ ئارقىلىق زۇلمەتلىك فىتنەلەردىن ئامان قالىمىز» دەپ قارىغانلىقىنى كۆرىمىز. چۈنكى، ئۇلار پەقەت سۈننەت ئارقىلىقلا ئامانلىق ھېس قىلغان. ئۇلاردىن باشقىلار بولسا رەسۇلۇللاھقا يالغان چاپلاشنىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىكىنى ۋە يالغان چاپلاش سەۋەبلىرىنى كۆرگەندىن كېيىن يۈز بەرگەن ھادىسىلەر تۈپەيلى، «بۇ ھادىسىلەردىكى شەرىئەتنىڭ ھۆكۈملىرىنى كېسىپ بايان قىلىش كېرەك» دەپ قارىغان.

شۇنىڭ بىلەن ئىككى تۈرلۈك فىقھ مەۋجۇد بولغان: بىرى «راي فىقھىسى (فِقْهُ الرَّأْيِ)»، يەنە بىرى «ئەسەر فىقھىسى (فِقْهُ الْأَثَرِ)». بىر تۈركۈم فۇقەھائ‍ «راي فۇقەھائلىرى» دەپ مەشھۇر بولغان. يەنە بىر تۈركۈم فۇقەھائ‍ «ئەسەر فۇقەھائلىرى» دەپ مەشھۇر بولغان.

بىز بۇ يەردە ئىلگىرى دەپ ئۆتكىنىمىزنى تەكرارلايمىزكى، ئىختىلاپنىڭ نېگىزى سۈننەتنىڭ ھۆججەتلىكى، ياكى سەھىھ بولسا سۈننەتنى قوبۇل قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشنىڭ لازىملىقى جەھەتتە بولمىغان. بەلكى بۇ يەردىكى ئىختىلاپنىڭ نېگىزى راينى قانچىلىك تۇتۇش ۋە بەزىدە رايغا ئاساسەن ھۆكۈم شاخلىتىپ چىقىرىش ھەققىدە بولغان. ئەھلى ئەسەر پەقەت زۆرۈر ھالەتتىلا مەجبۇرەن راينى تۇتاتتى ۋە خۇددى چوشقا گۆشى يېيىشكە پەقەت قىستىلىپ قالغاندا رۇخسەت قىلغاندەك، راينى تۇتۇشقىمۇ شۇنداق قىستىلىپ قالغاندا رۇخسەت قىلاتتى ۋە ئۇلار مەسىلىلەردە ھۆكۈم شاخلاتمايتتى. ئەھلى راي بولسا ئىجتىھاد قىلىدىغان تېما ھەققىدە بىرەرمۇ سەھىھ ھەدىس بولمىسا، مەسىلىلەرگە راي بىلەن كۆپ پەتۋا بېرەتتى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى يۈز بەرگەن رېئاللىقلارنىڭ ھۆكۈملىرىنى چىقىرىش بىلەنلا قالماي، ھەتتا يۈز بەرمىگەن مەسىلىلەرنىمۇ پەرەز قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ رايلىرى بىلەن ئۇنىڭغا ھۆكۈملەرنى ئوتتۇرىغا قوياتتى ۋە بۇ فىقھ «مۆلچەرلەش فىقھىسى، فىقھ پەرەزىي (الْفِقْهُ التَّقِدِيْرِيُّ، الْفِقْهُ الْفَرَضِيُّ)» دەپ ئاتىلاتتى.

بەزى ئالىملارنىڭ قەلىمىدە: «ئەھلى ھەدىسنىڭ كۆپىنچىسى ھىجازدا، ئەھلى راينىڭ كۆپىنچىسى ئىراقتا ئىدى. مەدىنە فۇقەھائلىرى ئىراق فۇقەھائلىرىنى سۈننەتتىن يىراقلاشتى ۋە دىندا ئۆزلىرىنىڭ رايلىرى بىلەن پەتۋا بەردى دەپ ئەيىبلىگەن. ئىراق فۇقەھائلىرى بولسا بۇنى ئىنكار قىلغان» دېگەن بايانلار كەلگەن.

ھەقىقەت شۇكى، راي ئىراقتا ئىدى، ھەدىسمۇ ئىراقتا ئىدى، مەدىنەدە ھەدىس بىلەن بىللە رايمۇ بار ئىدى. بىراق ئىككى يەر مۇنداق ئىككى ئىشتا پەرقلىنەتتى:

بىرىنچى ئىش: ئىراق ئەھلىدە راينىڭ مىقدارى ھىجاز ئەھلىدىكىدىن كۆپرەك بولغانلىقى؛

ئىككىنچى ئىش: راي بىلەن ئىجتىھاد قىلىش تۈرىنىڭ ئوخشىماسلىقى. ئىراق ئەھلى راي بىلەن ئىجتىھاد قىلىشلىرىدا كۆپىنچە قىياس ئۇسۇلىنى قوللىناتتى. ئەمما، ھىجاز ئەھلى راي بىلەن ئىجتىھاد قىلىشلىرىدا مەسلەھە ئۇسۇلىنى قوللىناتتى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ، ئىراقتا فىقھىي شاخلىتىشلار ۋە يۈز بەرمىگەن ئىشلارغىمۇ پەتۋا بېرىشلار كۆپەيدى. بۇنىڭدىن قىياسلارنى تەجرىبە قىلىش مەقسەت قىلىناتتى. مانا بۇ بىز يۇقىرىدا زىكىر قىلغان «فىقھ پەرەزىي» دەپ ئاتالغان فىقھتۇر. بۇ تۈرلۈك فىقھ مەدىنەدە بولمىغان. چۈنكى، مەدىنەدىكى فىقھنىڭ ئاساسى مەسلەھە ئىدى. مەسلەھە پەقەت رېئال ئىشلاردىلا ئەمەلىيلىشىدۇ، رېئال ئىشلاردا پەرەز ۋە تەخمىن بولمايدۇ.

مۇھەددىس ئىراق فۇقەھائلىرى ئىچىدە ئىمام شەئبىي ۋە ئۇنىڭدىن باشقىلارمۇ بار ئىدى. ئەلقەمە، ئىبراھىم نەخەئىي، ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ شەيخى ھەمماد ئىبنى ئەبۇ سۇلايماندەك كۆپلىگەن فۇقەھائ‍ راينى قوللىناتتى ۋە ئۇلاردىن باشقا قىياسنى كۆپ ئىشلىتىدىغان يەنە نۇرغۇنلار بار ئىدى. ۋەھالەنكى (بۇ جەھەتتە) ئۇلارنىڭ ئىمامى ساھابەلەردىن ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىدى. چۈنكى، ئۇلارنىڭ رىۋايەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ۋە ئۇلاردىن باشقا ئىراقتا ئۇزۇن مۇددەت تۇرغان چوڭ ساھابەلەردىن كەلگەن.

[25] مەدىنەگە كەلسەك، مەدىنەدە تابىئىندىن ھەدىس ياكى سۈننەتنى تۇتقان ۋە راينىمۇ تۇتقان نۇرغۇن ساندا كىشىلەر بار ئىدى. ئۇلار ئىراقتىكىلەرگە قارىغاندا كۆپرەك ئىدى. خۇددى ئىراقتا ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرى بار فىقھىي يۆنىلىش شەكىللەنگەندەك، مەدىنەدىمۇ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرى بار بىر فىقھىي يۆنىلىش شەكىللەنگەن. مەككەدىمۇ ئىراق يۆنىلىشىگە يېقىن كېلىدىغان بىر يۆنىلىش شەكىللەنگەن، بەلكى ھەر رايوندا فىقھىي يۆنىلىشلەر شەكىللەنگەن. بۇ ئارقىلىق فىقھ كېڭەيگەن ۋە فىقھ مېتودلىرى شاخلانغان. شاھ ۋەلىييۇللاھ دىھلەۋىي فىقھىي يۆنىلىشلەرنىڭ ھەر خىللىقى توغرىسىدا ئېيتقانكى:

«تابىئىننىڭ ئالىملىرىدىن ھەربىر ئالىمنىڭ ئۆز ئالدىغا بىردىن مەزھەبى بار ئىدى. ھەر شەھەردە بىر ئىمام ئوتتۇرىغا چىققان. مەسىلەن، مەدىنەدە سەئىد ئىبنى مۇسەييەب ۋە سالىم ئىبنى ئابدۇللاھ، ئۇ ئىككىسىدىن كېيىن مەدىنەدە زۇھرىي، قازى يەھيا ئىبنى سەئىد ۋە رەبىئە ئىبنى ئەبۇ ئابدۇرراھمان، مەككەدە ئەتاﺋ ئىبنى ئەبۇ رەباھ، كۇفەدە ئىبراھىم نەخەئىي ۋە شەئبىي، بەسرەدە ھەسەن بەسرىي، يەمەندە تاۋۇس ئىبنى كەيسان، شامدا مەكھۇل قاتارلىقلار. ئاللاھ بىر قىسىم قەلبلەرنى ئۇلارنىڭ ئىلىملىرىغا تەشنا قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ قەلبلەر ئۇلارنىڭ ئىلىملىرىگە قىزىقىپ، ئۇلاردىن ھەدىس، ساھابەلەرنىڭ پەتۋالىرى ۋە قاراشلىرىنى، شۇنداقلا بۇ ئالىملارنىڭ مەزھەبلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تەھقىقاتلىرىنى ئۆگەندى. پەتۋا سورىغۇچىلار ئۇلاردىن پەتۋا سورىدى، مەسىلىلەر ئۇلار ئارىسىدا چۆرگىلىدى ۋە ئۇلارغا دەۋالار سۇنۇلدى. سەئىد ئىبنى مۇسەييەب، ئىبراھىم ۋە ئۇلارنىڭ ئوخشاشلىرى فىقھ بابلىرىنى جەملىدى، ھەر بابتا ئۇلارنىڭ سەلەفلەردىن ئالغان ئۇل – ئاساسلىرى بار ئىدى. سەئىد ۋە ئۇنىڭ يارەنلىرى فىقھتا ئەڭ مۇستەھكەم بولغان ئىككى ھەرەم ئەھلىنىڭ ئالدىغا باراتتى. ھالبۇكى ئۇلارنىڭ مەزھەبىنىڭ يىلتىزى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرنىڭ، ئائىشە ۋە ئىبنى ئابباسنىڭ پەتۋالىرى ۋە مەدىنە قازىلىرىنىڭ ھۆكۈملىرى ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇلار بۇنىڭدىن ئۆزلىرىگە مۇيەسسەر بولغاننى توپلىدى، ئاندىن (توپلىغانلىرىغا) دىققەت ۋە تەپتىش نەزەرى بىلەن قارىدى… ئىبراھىم ۋە شۇنىڭدەك ئەلقەمە ئېيتقانكى: ›ئابدۇللاھ (ئىبنى مەسئۇد) تىنمۇ فىقھتا مۇستەھكەم ھېچكىم يوق‹. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ئىمام ئەۋزائىيغا ئېيتقانكى: ›ئىبراھىم سالىمدىن فەقىھرەكتۇر. ساھابەلىك پەزىلىتى بولمىغاندا ئىدى، ئەلقەمە ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەردىنمۇ فەقىھرەك دېگەن بولاتتىم. بىراق ئابدۇللاھ دېگەن ئابدۇللاھ – دە!›. ئەبۇ ھەنىفەنىڭ مەزھەبىنىڭ يىلتىزى ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پەتۋالىرى ۋە ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ (قازىلىق سۈپىتى بىلەن چىقارغان) ھۆكۈملىرى ۋە ئۇنىڭ پەتۋالىرى، شۇرەيھ ۋە ئۇنىڭدىن باشقا كۇفە قازىلىرىنىڭ ھۆكۈملىرى ئىدى. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە شۇلاردىن ئاللاھ مۇيەسسەر قىلغاننى توپلىدى. ئاندىن ئۇ خۇددى مەدىنە ئەھلى مەدىنە ئەھلىنىڭ ئەسەرلىرىدىن فۇرۇئلارنى تەخرىج(21) قىلغاندەك، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن فۇرۇئلارنى تەخرىج قىلىپ، ھەر بابتا فىقھىي مەسىلىلەرنى خۇلاسىلىدى. سەئىد ئىبنى مۇسەييەب مەدىنە فۇقەھائلىرىنىڭ تىلى ئىدى ۋە ئۇلار ئىچىدە ئۆمەرنىڭ (قازىلىق سۈپىتى بىلەن چىقارغان) ھۆكۈملىرىنى، ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسلىرىنى ئەڭ پىششىق بىلىدىغىنى ئىدى. ئىبراھىم كۇفە فۇقەھائلىرىنىڭ تىلى ئىدى. بۇ ئىككىسى بىرنەرسىنى سۆزلەپ، ئۇنى بىرەر كىمگە مەنسۇپ قىلمىسا، چوقۇمكى كۆپىنچە ئۇ ئاشكارا ياكى ئىشارە ھالەتتە سەلەفلەردىن بىرەرىگە مەنسۇپ ئىدى. ئۇ ئىككىسىنىڭ دىيارلىرىنىڭ فۇقەھائلىرى ئۇ ئىككىسىنىڭ ئەتراپىغا ئولاشقان ۋە ئۇنىڭدىن ئىلىم ئالغان. ئۇ ئىككىسىنىڭ ئىلمىنى چۈشىنىپ، ئۇنىڭدىن فۇرۇئلارنى تەخرىج قىلغان»(22).

بۇ گەپتىن مۇنداق ئىككى نەرسە چىقىدۇ:

1. ئىراق ئەھلىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قازىلىق ھۆكۈملىرى ۋە پەتۋالىرىدا ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد ۋە ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇماغا ۋە ئۇلاردىن باشقا ئىراقتا تۇرغان ساھابەلەرگە ئەگەشكۈچى ئىكەنلىكى. تابىئىندىن بولغان مەدىنە ئەھلىنىڭ مەدىنەدىكى ساھابەلەرنىڭ فۇقەھائلىرىنىڭ فىقھىسىنى نەقىل قىلىشقا ھېرىس ئىكەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ ئىراقتىكىلەردىن جىقراق ئىكەنلىكى.

2. تابىئىننىڭ فۇقەھائلىرىدىن بولغان ئىككى فەقىھنىڭ ئەڭ كۆزگە چېلىققان فۇقەھائ‍ ئىكەنلىكى، ئىككىلىسىنىڭ ئۆز ئېلىنىڭ فىقھىسىغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقى ۋە ئىككىسىنىڭ ئۆز ئەللىرىنى گەۋدىلەندۈرگەن فىقھىي توپلامنى زىممىلىرىگە ئالغانلىقىدۇر. ئۇ ئىككى فەقىھنىڭ بىرى مەدىنەدىكى سەئىد ئىبنى مۇسەييەبتۇر. كۆپلىگەن ساھابەلەرنىڭ ئىلمى ئۇنىڭغا بېرىپ توختىغان بولۇپ، مەدىنە ئۇلارنىڭ ئىجتىھاد ئورنى بولغان. ئىككىنچىسى ئىبراھىم نەخەئىيدۇر. ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇدنىڭ ئىلمى ۋە ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىبنىڭ قازىلىق ھۆكۈملىرى، شۇنداقلا ئۇلاردىن باشقا ئىراقتا تۇرغان ئاز ساندىكى ساھابەلەرنىڭ ئىلمى ئۇنىڭغا بېرىپ توختىغان ئىدى.

 

ئىجماﺋ ۋە ساھابە سۆزىنىڭ ھۆججەتلىكى

[26] تابىئىننىڭ نەزەرىدە ساھابەلەرنىڭ ئەمەلى ۋە سۆزى ھۆججەت ئىدى. چۈنكى، تابىئىن ساھابەلەرنىڭ شاگىرتلىرى بولغاچقا، ئۇلار ساھابەلەرنىڭ يولىدىن تەسىر ئالغان. تابىئىندىن كېيىن كەلگەنلەرنىڭ نەزەرىدە ساھابەلەرنىڭ يالغۇز ئەمەلىلا ھۆججەت بولغان. لېكىن، بىر بۆلۈك تائىپىلەر ساھابەلەرنىڭ ئەمەلىنى تۇتمىغان. ئىمامىي شىئەلەر، خاۋارىجلار ۋە زاھىرىيلار شۇ قاتاردىندۇر.

ساھابەلەرنىڭ ئەمەلى ئىككى قىسىم بولغان:

1. گەرچە تارتىشىشلاردىن كېيىن بولغان تەقدىردىمۇ، ساھابەلەرنىڭ ئىتتىپاقلاشقان ۋە ئورتاق بىر پىكىرگە كەلگەن ئەمەللىرى. بۇ ئىجماﺋ بولىدۇ، بۇ تېگىدىن ھۆججەتتۇر. كۆپچىلىك فۇقەھائ‍ شۇنداق قارىغان. خاۋارىج ۋە شىئەلەردىن باشقا ھەممىسى ساھابەلەرنىڭ ئىجمائسىنى ھۆججەت دەپ ئېتىبارغا ئالىدۇ. زاھىرىيلار بولسا ئۇنىڭ ھۆججەتلىكىدە كۆپچىلىك بىلەن بىردەك قاراشتا.

2. ساھابەلەرنىڭ بىرلىككە كېلەلمىگەن ئەمەللىرى. تابىئىن ساھابەلەرنىڭ بىرلىككە كېلەلمىگەن ئەمەللىرىدىمۇ، ساھابەلەرنىڭ سۆزلىرىدىن چىقمايتتى. ھەربىر تابىئىن كۆپىنچە ھالدا ئۆزىنىڭ ساھابە ئۇستازىنىڭ رايىنى تاللايتتى، ياكى نادىر ھالەتتە ئۇستازىدىن باشقا ساھابەنىڭ رايىنى تاللايتتى.

تابىئىن ساھابەلەرنىڭ رايىنى — مەيلى ئۇ بىرلىككە كېلىنگەن راي بولسۇن ياكى بىرلىككە كېلىنمىگەن راي بولسۇن — نوقۇل بىر راي شەكلىدە ئەمەس، بەلكى سۈننەت دەپ تۇتاتتى. چۈنكى، گەرچە ساھابەلەرنىڭ سۆزلىرىنىڭ زاھىرىي ئاساسى نوقۇل يەكۈن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ نەزەرىدە ساھابەلەرنىڭ سۆزلىرى ئەگىشىش ۋاجىب بولغان بىر سۈننەتتۇر. تابىئىندىن كېيىن مۇجتەھىد فۇقەھائ‍ كېلىپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىمۇ «ساھابەنىڭ رايى ھۆججەت، ئۇنى تۇتۇش ۋاجىب» دەپ قارىغان. ئۇلارنىڭ بۇنداق قارىشىنىڭ سەۋەبى، چۈنكى ساھابەلەر رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن تەلىم ئالغان ۋە رەسۇلۇللاھتىن نېمىنى نەقىل قىلسا، سۆزلىرى بىلەن نەقىل قىلمىغان تەقدىردىمۇ، ئەمەللىرى بىلەن نەقىل قىلغان كىشىلەردۇر. يەنە كېلىپ، ئۇلارنىڭ رايلىرى پەيغەمبەر يولىدىن ئېلىنغاندۇر، ئۇلار پەيغەمبەرنىڭ ئىلمىنى نەقىل قىلغانلاردۇر، ئۇلار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېلىپ كەلگەن ۋەھيىلەرنى چۈشىنىشكە ئەڭ قادىر كىشىلەردۇر. ئۇلارنىڭ ئىجتىھادى نوقۇل ئەقلىي يەكۈنگە يېقىن بولۇشتىن بەكرەك پەيغەمبەر تەلىمىگە يېقىندۇر. ئىمام ئىبنۇلقەييىم ساھابەنىڭ رايىنىڭ كۈچىنى بايان قىلىپ ئېيتقانكى:

«ساھابە بىر گەپنى دېسە ياكى بىر ھۆكۈمنى قىلسا، ياكى بىر پەتۋانى بەرسە، ئۇنىڭ شۇلارغا قارىتا بىز بىلىدىغان ۋە بىلمەيدىغان بىلىملىرى بار دېمەكتۇر. ئەمما، رەسۇلۇللاھقا خاس بولغان ئىشلارغا كەلسەك، ساھابە ئۇنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاغزىدىن ياكى رەسۇلۇللاھتىن سۆزلەپ بەرگەن باشقا بىر ساھابەدىن ئاڭلىغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇلارنىڭ بىلىدىغىنى بىزنىڭ بىلىدىغىنىمىزدىن كۆپرەك. ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئاڭلىغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى رىۋايەت قىلغان ئەمەس. ئۇنداق دېمىسەك، ئۇنداقتا (ھەزرىتى ئەبۇبەكرى) سىددىقنىڭ، (ھەزرىتى ئۆمەر) فارۇق ۋە ئۇلاردىن باشقا چوڭ ساھابەلەرنىڭ ئاڭلىغانلىرى ئۇلارنىڭ رىۋايەت قىلغانلىرى ئالدىدا ھېچنېمە ئەمەس. چۈنكى، ئۈممەتنىڭ سىددىق(23) ى (ھەزرىتى ئەبۇبەكرى) دىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىس 200 گىمۇ يەتمەيدۇ. ھالبۇكى ئۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ غازاتلىرىدىن ھېچبىرىدە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئايرىلغان ئەمەس ئىدى. بەلكى پەيغەمبەرلىكنىڭ بېشىدىن تارتىپ، بەلكى ئۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ تا پەيغەمبەرنىڭ ۋاپاتىغىچە ئۇ زاتقا ھەمراھ بولغان ئىدى. ئۇ ئۈممەت ئىچىدە رەسۇلۇللاھنى، ئۇ زاتنىڭ سۆزىنى، ھەرىكىتىنى، توغرا يولىنى ۋە سىيرىتىنى ئەڭ ئوبدان بىلىدىغان ئادەم ئىدى. ساھابەلەرنىڭ كۆپى شۇنداق. ئۇلارنىڭ رىۋايەتلىرى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئاڭلىغانلىرى ۋە كۆرگەنلىرىگە نىسبەتەن بەكلا ئازدۇر. ناۋادا ئۇلار ئاڭلىغان ۋە كۆرگەنلىرىنىڭ ھەممىسىنى رىۋايەت قىلغان بولسا ئىدى، ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ رىۋايەتىدىن نەچچە ھەسسە ئېشىپ كەتكەن بولاتتى. چۈنكى، ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھقا تۆت يىلچە ھەمراھ بولغان. شۇنداق تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن كۆپ نەرسە رىۋايەت قىلىنغان. ‹ئەگەر بۇ ئىش توغرۇلۇق ساھابە رەسۇلۇللاھتىن بىرنەرسىنى بىلسە ئىدى، ئۇنى سۆزلىگەن بولاتتى› دېگەن بۇ گەپ ساھابەلەرنىڭ سىيرىتىنى ۋە ئەھۋالىنى بىلمەيدىغان ئادەمنىڭ گېپىدۇر. چۈنكى، ساھابەلەر رەسۇلۇللاھتىن بىرنەرسە رىۋايەت قىلىشتىن قورقاتتى، كەم – زىيادە قىلىپ قويۇشتىن ئەنسىرەيتتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئاڭلىغان نەرسىنى تەكرار سۆزلەيتتى، ئەمما ئاڭلىغانلىقىنى ئوچۇق ئېيتمايتتى ۋە ‹رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن› دېمەيتتى. ئۇلارنىڭ بىرى بەرگەن پەتۋا مۇنداق ئالتە نۇقتىدىن چىقىپ كەتمەيدۇ:

بىرىنچىسى: ئۇنى پەيغەمبەردىن ئاڭلىغان بولۇشى؛

ئىككىنچىسى: ئۇنى پەيغەمبەردىن ئاڭلىغان كىشىدىن ئاڭلىغان بولۇشى؛

ئۈچىنچىسى: ئۇنى ئاللاھنىڭ كىتابىدىن چۈشەنگەن بولۇشى، بىزگە بۇ قاراڭغۇ قالغان بولۇشى؛

تۆتىنچىسى: ئۇنىڭ ساھابەلەر جامائىتى بىرلىككە كەلگەن بىر ئىش بولۇشى، ئەمما بىزگە يالغۇز پەتۋا بەرگەن ساھابەنىڭ گېپى شەكلىدە نەقىل قىلىنغان بولۇشى؛

بەشىنچىسى: ساھابەنىڭ تىلنى ۋە سۆزنىڭ قاراتمىلىقىنى بىزدىن ياخشى تولۇق بىلىدىغانلىقى سەۋەبىدىن، ياكى خىتاب قىلىنغان ۋاقىتتىكى شەرت – شارائىت سەۋەبىدىن، ياكى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى، ئۇ زاتنىڭ ئىش – ئەھۋاللىرى ۋە سىيرىتىنى كۆرۈش، سۆزلىرىنى ئاڭلاش، مەقسەتلىرىنى بىلىش، ۋەھيىنىڭ چۈشۈشىگە شاھىد بولۇش ۋە ۋەھيىنىڭ تەفسىرىنى ئەمەلىي كۆرۈش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت ئۇزۇن زامان جەريانىدا ئۆزى چۈشەنگەن بىر قاتار ئىشلار سەۋەبىدىن، بىز چۈشىنەلمەيدىغان نەرسىلەرنى چۈشەنگەن بولۇشىدۇر. مۇشۇ بەش پەرەزگە كۆرە، ساھابەنىڭ پەتۋاسى ئەگىشىش ۋاجىب بولغان ھۆججەت بولىدۇ.

ئالتىنچىسى: ساھابەنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەقسەت قىلمىغان نەرسىنى چۈشىنىۋېلىپ، چۈشەنچىسىدە خاتالاشقان بولۇشى»(24).

بۇ ئالتىنچى پەرەز ئالتە نۇقتىدىن بىرىدۇر، ئەمما ئۇنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى يىراقتۇر. بۇ خۇددى سىقە(25) كىشىنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن نەقىل قىلىشتا خاتالىشىشىنىڭ ئېھتىمالدىن يىراق ئىكەنلىكىگە ئوخشايدۇ. شەكسىزكى، بۇ — ئالتە نۇقتا ئىچىدىكى پەرزەن بىر ئېھتىماللىقتۇر. شۇنىڭدا شەك يوقكى، ساھابەنىڭ خاتالىق ئېھتىمالى ئالتىدە بىر بولسا، ئۇلاردىن كېيىن كېلىدىغانلارنىڭ خاتالىق ئېھتىمالى ئىككىدە بىردۇر. ئاۋۋالقىسى ئەگىشىلىشكە بەكرەك لايىقتۇر، كېيىنكىسى ئارقىدا قالدۇرۇلۇشقا لايىقتۇر. شۇڭا، ساھابەلەرنىڭ سۆزلىرىنىڭ سۈننەتتىن ئورنى بار بولغان.

[27] بۇ يەردە شۇنى مۇقەررەرلەشتۈرۈشىمىز كېرەككى، ساھابەلەرنىڭ سۆزلىرى ئىچىدە كۆپىنچە ئالىملار «سۈننەت ياكى پەيغەمبەر ھەدىسى» دەپ قوبۇل قىلغانلىرى بار. يەنى ئەگەر ساھابەلەر ئەقىلنىڭ ئورنى بولمىغان ئىبادەت ئىشلىرى توغرىسىدا بىرەر پەتۋانى بەرسە، بۇ چوقۇملا پەيغەمبەر سۈننىتى بولىدۇ ۋە بۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن نەقىل قىلىنغان نەرسە ئىككىسى تەڭلىشىپ قالىدۇ. چۈنكى، ساھابە راينىڭ ئورنى يوق بىرەر ئىشتا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن بىرنەرسە ئاڭلىماي پەتۋا بەرمەيدۇ.

شۇڭا، ئالىملار شۇنداق مۇقەررەرلەشتۈرگەنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۆزلىرى ۋە ئۇ زاتقا نىسبەت بېرىلگەن ھۆكۈم ياكى پەتۋالار قوبۇل قىلىنىدۇ، بۇنىڭغا خىلاپ كېلىدىغان ساھابەنىڭ سۆزى رەت قىلىنىدۇ. چۈنكى، «پەيغەمبەرگە مەنسۇپلۇق ئېھتىمالى بار» دەپ ساھابەنىڭ سۆزىنى قوبۇل قىلىپ، ھېچبىر ئېھتىماللىقسىز سابىت بولغان پەيغەمبەر سۆزىنى تاشلىشىمىز دۇرۇس بولمايدۇ. بۇ قائىدىگە ھېچكىم خىلاپلىق قىلمىغان. ئەمما، ساھابەدىن رىۋايەت قىلىنغان پەتۋا ئۇنىڭ رايى بىلەن بولۇشى مۇمكىن ئەمەس بولسا، بۇ ئايرىم ئەھۋال. چۈنكى، بۇ خىل پەتۋادا رايغا ئورۇن يوق، بۇ سۈننەت بولىدۇ. ئىمام مالىك ئۇنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بىر ھەدىسى دەپ ئېتىبارغا ئالىدۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەرگە نىسبەت بېرىلگەن سۆز ئىككىسىنى تەڭ ئورۇنغا قويىدۇ. شۇ جەھەتتىن، مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەزرىتى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ رايىغا ئەگەشكەنلىكتىن، ھەج ئايلىرىدا ئۆمرە قىلىشنى ۋە ئۆمرىگە ئېھرام باغلاشنى مەكرۇھ كۆرەتتى. چۈنكى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بۇنداق قىلىشتىن توسقانلىقى رىۋايەت قىلىنغان. ئىمام مالىك بۇنىڭدا سەئد ئىبنى ئەبى ۋەققاستىن رىۋايەت قىلىنغان «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆمرە بىلەن ھەجنى جەملەشنى ئارتۇق كۆرەتتى» دېگەن ھەدىسنى ۋە يەنە ئۇنىڭ: «رەسۇلۇللاھ شۇنداق قىلغان، بىزمۇ ئۇ زات بىلەن بىرلىكتە شۇنداق قىلغان» دېگەن ھەدىسىنى تۇتماي(26) ئۆمەرنىڭ دېگىنىنى ئارتۇق كۆرگەن ۋە ئۇنىڭ سۆزىنى سۈننەت دەپ قارىغان ۋە: «رەسۇلۇللاھنى ئۆمەر سەئدتىن ئوبدانراق بىلىدۇ» دېگەن(27).

دېمەك، گەرچە ھەزرىتى ئۆمەر نەقىل ئىكەنلىكىنى ئوچۇق ئېيتمىسىمۇ، ئىمام مالىك ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ دېگىنىنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن نەقىلدۇر دەپ ئېتىبارغا ئالغان ھەمدە بۇنى سەئد ئىبنى ئەبۇ ۋەققاسنىڭ نەقىل ئىكەنلىكىنى ئوچۇق ئېيتىپ دېگەن سۆزىگە روبىرو قىلغان.

 

ئىسلام مەزھەبلىرى تارىخى/ تاريخ المذاهب الإسلامية؛ ئىمام مۇھەممەد ئەبۇ زەھرە؛ مۇھەممەد قاۋۇل قاراخانىي تەرجىمىسى؛ ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى


1. ئىللەت (العِلَّةُ): ئەرەبچىدە «ئەھۋالنى ئۆزگەرتكۈچى كېسەللىك ۋە سەۋەب» مەنىسىدە بولۇپ، تۈرلۈك ئىلىملەر ئىستىلاھىدا پەرقلىق قوللىنىلىدۇ. مۇھەددىسلەرنىڭ ئىستىلاھىدا: «سەھىھ كۆرۈنگەن ھەدىسنىڭ سەنەدى ياكى مەتنىدىكى سەھىھلىكنى زىدىلەيدىغان مەخپىي سەۋەب». بەزى مۇھەددىسلەر ئىللەتنى ئاشكارا سەۋەبكىمۇ ئومۇملاشتۇرىدۇ. سەنەدتىكى ئىللەتنىڭ مىسالى، مۇدەللىسنىڭ ئەنئەنە بىلەن قىلغان رىۋايەتى ياكى مەۋقۇفنىڭ مەرفۇﺋ قىلىنىشى… قاتارلىقلار بولسا، مەتىندىكى ئىللەتنىڭ مىسالى، بىرەر كەلىمەسىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى ياكى ئارتۇق رىۋايەت قىلىنىشى… دېگەندەك. ئۇسۇلۇلفىقھ ئىستىلاھىدا: «فىقھىي ھۆكۈمنى تونۇتقۇچى بەلگە». باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا: «ئەسل بىلەن فەرﺋ ئوتتۇرىسىدىكى ئورتاق بىر سۈپەت» بولۇپ، فەرئنىڭ ھۆكمى شۇ سۈپەت ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ ۋە شۇ سۈپەتكە بىنائەن، ئەسلنىڭ ھۆكمى ئەسلدىن فەرئگە ھالقىپ ئۆتىدۇ. مەسىلەن، ھاراقنىڭ ھارام قىلىنىشىنىڭ ئىللىتى مەست قىلىشتۇر. پەلسەپە ئىستىلاھىدا: «بىرنەرسىنىڭ ماھىيىتىدىن تاشقىرى، ئەمما ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسەتكۈچى» بولۇپ، ئۇ نەرسىنىڭ مەۋجۇدلۇقى ئۇنىڭغا قاراشلىق بولىدۇ. مەسىلەن، ئالەمنىڭ مەۋجۇدلۇقىنىڭ ئىللىتى ئاللاھ تائالادۇر، ئالەم ئىللەتلەنگۈچى (مَعْلُوْلٌ) دۇر. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 30/286؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «ئىسلام ئەقىدىسى ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 817 – بەت؛ مۇھەممەد ئۇبەيدۇللاھ ئەلئەسئەدىي: «الْمُوْجَزُ فِيْ أُصُوْلِ الْفِقْهِ مَعَ مُعْجَمِ أُصُوْلِ الْفِقْهِ (ئەلمۇجەزۇ فى ئۇسۇلىلفىقھ)»، 249 – بەت.

2. زابىتە (الضَّابِطُ، الضَّوَابِطُ): ئەرەبچىدە «پۇختا ساقلىغۇچى، ئىنتىزامغا چۈشۈرگۈچى، تۇتۇپ تۇرغۇچى ۋە تۈزەتكۈچى» دېمەكتۇر. فىقھ ۋە ئۇسۇلۇلفىقھ ئىستىلاھىدا: «بىر بابتىكى مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان فىقھىي قائىدە» بولۇپ، زابىتە بىلەن قائىدەنىڭ پەرقى: زابىتە بىر بابنىڭ فۇرۇئلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، قائىدە بولسا خىلمۇخىل بابلارنىڭ فۇرۇئلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دېمەك، قائىدەگە قارىغاندا زابىتەنىڭ دائىرىسى تېخىمۇ تار. ئىككى ئاتالغۇنى پەرقسىز ئىشلىتىدىغان فۇقەھائمۇ بار. قاراڭ: ئىبنى مەنزۇر: «لىسانۇلئەرەب»، 7/340؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ»، 1035 – بەت؛ ئىبنى نۇجەيم: «ئەلئەشباھۇ ۋەننەزائىر»، 166 – بەت، دارۇل كۇتۇبىل ئىلمىييە، بېيرۇت، م. 1980.

3. مەسلەھە (الْمَصْلَحَةُ): ئەرەبچىدە «مەنپەئەت، پايدا» دېمەكتۇر. ئۇسۇلۇلفىقھ ئىستىلاھىدا: ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى شارﯨﺌ (ئاللاھ تائالا) ئۆز بەندىلىرى ئۈچۈن كۆزلىگەن مەنپەئەت بولۇپ، بۇ مەنپەئەت مۇئەييەن تەرتىپ بويىچە بەندىلەرنىڭ دىنىنى، جانلىرىنى، ئەقىللىرىنى، نەسىللىرىنى ۋە مال – مۈلۈكلىرىنى قوغداشتىن ئىبارەتتۇر. كۆپلۈكى مەسالىھ (الْمَصَالِحُ). قاراڭ: ئەلغەززالىي: «ئەلمۇستەسفا فى ئىلمىل ئۇسۇل»، 1/478، دارۇننەفائىس، بېيرۇت، م. 2011؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 1304 – بەت.

4. بىراۋ سورىشى مۇمكىن: «نېمە ئۈچۈن ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىمىزگە خاتالىشىشتىن بۇرۇن باشتىلا ھەقنى كۆرسەتمىگەن؟» بۇنىڭ جاۋابى شۇكى: «ئىنسانلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ كۆزقاراشلىرى بىلەن مەغرۇرلانماسلىقى، كۆزقاراشلىرىنى شەك قوبۇل قىلمايدىغان ھەقىقەت دەپ ئويلاپ قالماسلىقى، تەپەككۇرلىرىنى مۇتلەق توغرا دەپ قاراپ باشقىلارغا ئۆزلىرىنىڭ تەپەككۇرىنى تاڭماسلىقى ئۈچۈن، بۇ ئاللاھنىڭ تەلىمىدۇر. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا بۇ خىل خاتاغا چىقىرىش ئارقىلىق ھېچكىمنىڭ خاتالىقتىن خالىي ئەمەسلىكىنى بايان قىلىدۇ. گاھىدا ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ ياخشىسىمۇ خاتالىشىپ قالىدىغان بولسا، باشقىلار ئەلبەتتە خاتالىشىدۇ».
5. مۇسلىم (2363). ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەتى.
6. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (2680)؛ مۇسلىم (1713). ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەتى.
7. زىممەت (الذِّمَّةُ): ئەرەبچىدە «مەسئۇلىيەت، مەجبۇرىيەت، ئەھد، ئامانلىق، ئىگە بولۇش ۋە كاپالەت» مەنىلىرىدىكى سۆز بولۇپ، يۇقىرىقىلارنى بۇزۇش «زەم (ئەيىبلەش)»نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئىسلام دۆلىتىدە مۇقىم ياشايدىغان، ھاياتى ۋە ھەق – ھوقۇقلىرى ئىسلام ھاكىمىيىتىنىڭ زىممىسىدىكى مۇسۇلمان بولمىغان پۇقراغا زىممىي (الذِّمِّيُّ) ياكى ئەھلى زىممەت (أَهْلُ الذِّمَّةِ) دېيىلىدۇ. فىقھ ۋە ئۇسۇلۇلفىقھ ئىستىلاھلىرىدا ئەھد ۋە سالاھىيەتنى بىلدۈرىدىغان بىرقانچە مەنىدە قوللىنىلىدۇ: بەزىلەر ئۇنى: ھوقۇق ۋە مەسئۇلىيەتكە ئىگە قىلىدىغان سالاھىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سۈپەت دەپ ئىزاھلايدۇ. شۇڭلاشقا، ئاقىل، بالىغ كىشىدە باشقىلارنىڭ ھەققى يۈكلىنىش ۋە ئۇنى ئادا قىلىش مەجبۇرىيىتى يەنى زىممەت بولىدۇ. ئەمما، نارەسىدە بالىدا باشقىلارنىڭ ھەققى يۈكلىنىش مەجبۇرىيىتى بولسىمۇ، ئۇنى ئادا قىلىش مەجبۇرىيىتى يەنى زىممىسى بولمايدۇ. بۇ ۋەجدىن زىممەت قورساقتىكى ھامىلە چاغدىلا باشلىنىپ، ئۆمۈر بويى داۋاملىشىپ، ئۆلۈم بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. يەنە بەزىلەر ئۇنى: ئەھدىگە ئىگە ئىنسان دەپ ئىزاھلايدۇ. چۈنكى، ئىنسان تۇغۇلغاندىلا ھوقۇق يۈكلىنىش ۋە ئادا قىلىش سالاھىيىتى بار زىممەت بىلەن تۇغۇلىدۇ. ھەربىر ئىنساننىڭ زىممىسى بولغاندەك، شىركەت، ئورگان ۋە دۆلەت قاتارلىق مەنىۋىي قانۇنىي شەخسلەرنىڭمۇ ئۆز لايىقىدا زىممىسى بولىدۇ. قاراڭ: قازى ئەھمەدنەگەرىي: «دەستۇرۇل ئۆلەماﺋ»، 2/89؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 662 – بەت. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا زىممە: (ۋەزىپە، مەسئۇلىيەت ، بۇرچ قاتارلىقلارغا نىسبەتەن) ئۈست، بويۇن مەنىسى بولۇپ، جانلىق ۋە ئەدەبىي تىلدا بىرىكمە سۆز شەكلىدە «زىممىسىگە ئالماق، زىممىسىگە چۈشمەك» شەكلىدە ئىشىلىتىلىدۇ. قاراڭ: تىل – يېزىق خىزمىتى كومىتېتى: «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، 573 – بەت، خەلق نەشرىياتى، م. 2011.

8. خەتىب باغدادىي: «تارىخۇ باغداد»، 8/370. ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىغان بۇ ھەدىسنى مۇھەددىسلەر «سەھىھ ئەمەس» دېگەن بولۇپ، بۇ مەزمۇندا باشقا سەھىھ ھەدىسلەر باردۇر. مەسىلەن: «كىمكى بىر زىممىيگە زۇلۇم قىلىدىكەن ياكى ھەققىنى تولۇق بەرمەيدىكەن، ياكى ئۇنىڭغا تاقىتى يەتمىگۈدەك خىزمەت يۈكلەيدىكەن ۋەياكى ئۇنىڭ رازىلىقىسىز بىرنەرسىسىنى ئېلىۋالىدىكەن، قىيامەت كۈنى مەن ئۇنىڭ بىلەن دەۋالىشىمەن». ئەبۇ داۋۇد (3052)؛ بەيھەقىي: «ئەسسۈنەنۇل كۇبرا»، (19201). ئالبانىي: «ھەسەن» دېگەن.
9. خەلىفە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دەۋرىدە مۇسۇلمانلار فەتىھ قىلغان ئىراق يېزىلىرى ۋە تېرىلغۇ يەرلىرى مەقسەت قىلىنىدۇ. ياقۇت ئەلھەمەۋىي: مۇئجەمۇل بۇلدان»، 3/272، دارۇ سادەر، بېيرۇت.
10. بەزى ئالىملار: 8/«ئەنفال»دىكى ئايەت زېمىندىن باشقا غەنىيمەت ئېلىنغان ماللار ھەققىدىدۇر، بۇ ئايەت بولسا كافىرلارنىڭ زېمىنى ھەققىدىدۇر. شۇڭلاشقا ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مىسىر ۋە ئىراق زېمىنىنى تەقسىملىمەستىن، مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن قالدۇرۇپ قويغان» دېگەن. قاراڭ: «تەفسىرى ئىبنى جۇزەي / ئەتتەسھىل»، 59/«ھەشر»: 7 – ئايەت تەفسىرى. 359 – بەت، دارۇلئەرقەم، بېيرۇت.
11. ئەھمەد (22060)؛ تىرمىزىي (1327، 1328)؛ ئەبۇ داۋۇد (3592)؛ دارىمىي (168). ئالبانىي: «زەئىف» دېگەن.
12. ئىبنۇلقەييىم: «ئىئلامۇل مۇۋەققىئىن»، 1/53، دارۇل كۇتۇبىل ئىلمىييە، بېيرۇت، ھ. 1411/م. 1991.
13. مەفسەدە (الْمَفْسَدَةُ): «مەسلەھە»نىڭ قارىمۇقارشىسى بولۇپ، ئەرەبچىدە «زەرەر» دېمەكتۇر. ئۇسۇلۇلفىقھ ئىستىلاھىدا: «بەندىلەرنىڭ دىنلىرىنى، جانلىرىنى، ئەقىللىرىنى، نەسىللىرىنى ۋە مال – مۈلكلىرىنى قوغداشتىن ئىبارەت مەنپەئەتنى قولدىن كەتكۈزىدىغان ئىش»تىن ئىبارەت. قاراڭ: ئەلغەززالىي: «ئەلمۇستەسفا فى ئىلمىل ئۇسۇل»، 1/478؛ «ئەرەب تىلى كومىتېتى»: «ئەلمۇئجەمۇل ۋەسىت»، 2/688.

14. ئايەتتىكى «وَإِذَا تَوَلَّى» دېگەن كەلىمە مۇئەللىفنىڭ مۇددىئاسىغا مۇناسىپ ھالدا، «تەفسىرۇررازىي»دىكى تەفسىر بويىچە تەرجىمە قىلىندى.
15. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (110)؛ مۇسلىم (3). ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەتى.
16. ئەھلى ھەدىسنى دېمەكچى.
17. ئىبنۇلقەييىم: «ئىئلامۇل مۇۋەققىئىن»، 4/118؛ شەيخ مۇھەممەد خۇزەرىي: «تارىيخۇت تەشرىئىل ئىسلامىي (تاريخ التشريع الإسلامي)»، 104 – 106 – بەت، دارۇلفىكر، بېيرۇت. ھ. 1387/م. 1967.
18. شاتىبىي: «ئەلئىئتىسام»، 3/95.
19. دارۇلھىجرەت (دَارُ الْهِجْرَةِ): ئەرەبچىدە: «ھىجرەت يۇرتى، ھىجرەت دىيارى» دېگەن مەنىدە بولۇپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە ئۇ زاتنىڭ ساھابە كىراملىرى شىرك ۋە كۇفۇرنى تاشلاپ، ھىجرەت قىلىپ بېرىپ، ئىمان ۋە قېرىنداشلىق ئاساسىدا ئىسلام دۆلىتىنى قۇرغان مەدىنە مۇنەۋۋەرەنىڭ نامىدۇر. بۇ دىيار يەنە «رەسۇل شەھرى (مَدِينَةُ الرَّسُولِ)، ئىسلام دىيارى (دَارُ الإِسْلاَمِ)، ئىمان دىيارى (دَارُ الإِيمَانِ)، سۈننەت دىيارى (دَارُ السُّنَّةِ)، نۇسرەت دىيارى (دَارُ النُّصْرَةِ)، تابە (پاك شەھەر / طَابَةُ)، تەيبە (پاك شەھەر / طَيْبَةُ)» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. جاھىلىيەتتە ئىسمى يەسرىپ (يَثْرِبُ) بولۇپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇبارەك ھىجرىتى بىلەن نۇرلاندۇرغانلىقتىن، «مەدىنە مۇنەۋۋەرە (نۇرلاندۇرۇلغان شەھەر / الْمَدِينَةُ الْمُنَوَّرَةُ)» دەپ ئاتالغان. مەدىنە مۇنەۋۋەرەنىڭ ئەسل ئاھالىسى بولمىش ئەنسارلار «ئەھلى دارىلھىجرەت (أَهْلُ دَارِ الْهِجْرَةِ)» دەپ ئاتىلىدۇ. مەدىنەدە ياشاپ ئۆتكەن، مەشھۇر «تۆت مەزھەب»نىڭ بىرى بولغان «مالىكىي مەزھەبى»نىڭ ئىمامى ئىمام مالىك «دارۇلھىجرەت ئىمامى» دەپ تونۇلغاندۇر.

20. ئىبنۇلقەييىم: «ئىئلامۇل مۇۋەققىئىن»، 1/17.
21. تەخرىج (التَّخْرِيْجُ): ئەرەبچىدە «چىقارماق» دېگەن مەنىدە بولۇپ، ھەدىس ئىلمىدە: «ھەدىسلەرنىڭ ئەسل مەنبەسىنى ۋە ئىسنادلىرىنى ئېنىق بايان قىلىش، سەھىھ – زەئىف دەرىجىلىرىنى ئايرىشنى، شۇنداقلا مۇھەددىسنىڭ ھەدىسنى بىرەر كىتابىدا سەنەدلىك رىۋايەت قىلىشى»نى كۆرسەتسە؛ فىقھ ۋە ئۇسۇلۇلفىقھ ئىستىلاھىدا: «مەزھەب ئىمامىنىڭ بىرەر بايانى بولمىغان مەسىلىلەرگە مەزھەب ئىمامىنىڭ ئوخشاپ قالىدىغان بىر مەسىلىدىكى بايانىنى ياكى مەزھەبنىڭ ئومۇم ئۇسۇل – قائىدىلىرىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ھۆكۈم چىقىرىش»نى كۆرسىتىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 4/111؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ»، 407، 408 – بەتلەر.

22. شاھ ۋەلىيۇللاھ دىھلەۋىي: «ھۆججەتۇللاھ ئەلبالىغە»، 1/476 – 478، نەشرگە تەييارلىغۇچى: سەئىد ئەھمەد ئىبنى يۇسۇف ئەلبالەنبۇرىي، دارۇ ئىبنى كەسىر.
23. سىددىقلار (الصِّدِّيقُونَ): ئەرەبچىدە «تولىمۇ ۋە ئىزچىل راستچىل ياكى سۆزنىڭ راستلىقىغا تولىمۇ ۋە ئىزچىل ئىشەنگۈچى» دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇلىنىڭ سۆزلىرىگە ئىزچىل ۋە شەكسىز ئىشىنىپ، سۆزىدە ۋە ئېتىقادىدا، دىلىدا ۋە ئىش – ھەرىكىتىدە ئىزچىل راستچىل بولىدىغانلاردۇر. يەنە «پەيغەمبەرلەرگە ھەممىدىن بۇرۇن ئەگەشكەن زاتلارنىڭ ئەڭ پەزىلەتلىكلىرى» دەپمۇ ئىزاھلانغان. سىددىقلىق پەيغەمبەرلىكتىن قالسا، شەھىدلىكتىن بىر دەرىجە يۇقىرى مەرتىۋە بولۇپ، ھەزرىتى مەريەم، ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ۋە ھەزرىتى ئائىشەلەرمۇ ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇلىنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىشتە يۇقىرى پەللىگە يەتكەن بولغاچقا، «سىددىق» دەپ نام ئالغان زاتلاردۇر. قاراڭ: «ئەرەب تىلى كومىتېتى»: «ئەلمۇئجەمۇل ۋەسىت»، 1/511؛ قۇرتۇبىي: «تەفسىرۇ قۇرتۇبىي»، 4/«نىساﺋ»: 69 – ئايەتنىڭ تەفسىرى؛ جۇرجانىي: «ئەتتەئرىفات»، 174 – بەت؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ»، 1008 – بەت.

24. ئىبنۇلقەييىم: «ئىئلامۇل مۇۋەققىئىن»، 4/112، 113.
25. سىقە (الثِّقَةُ): ئەرەبچىدە «سۆزى ئىشەنچلىك كىشى ياكى ئىشەنچلىك دەپ قاراش» دېگەن مەنىدە. ھەدىس ئىلمىدە: «راۋىينىڭ دىيانەتلىك، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى يۇقىرى بولۇشتىن ئىبارەت ئىجابىي سۈپىتى» بولۇپ، تەئدىل (راۋىينى ئىشەنچىلىك دەپ قاراش) دەرىجىلىرىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ دەرىجىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ تۈرلۈك راۋىيلەرنىڭ رىۋايەتلىرى باشقا بىرەر ئىللەت تېپىلمىغان تەقدىردە «سەھىھ لىزاتىهى» بولىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «مَوْسُوْعَةُ عُلُوْمِ الْحَدِيْثِ الشَّرِيْفِ (ھەدىس شەرىف ئىلىملىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 312 – بەت، مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مەجلىسى، قاهىرە، ھ. 1424/ م. 2003؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ»، 582 – بەت.

26. ھەدىسنىڭ ئەسلى: مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئەلھارىس ئىبنى نەۋفەل رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇ سەئد ئىبنى ئەبۇ ۋەققاس بىلەن زەھھاك ئىبنى قەيسنىڭ ئۆمرەدىن كېيىن ھەجگە قەدەر تەمەتتۇﺋ قىلىش (يەنى ئۆمرەنىڭ ئېھرامىدىن چىقىپ ھەجنى كۈتۈش) توغرىسىدا دېيىشكەن سۆزلىرىنى ئاڭلىغان. زەھھاك ئىبنى قەيس:

— تەمەتتۇئنى پەقەت ئاللاھنىڭ ئەمرىنى بىلمەيدىغان جاھىل كىشىلەرلا قىلىدۇ، — دېگەندە، سەئد ئۇنىڭغا:

— ئى جىيەنىم! بۇ دېگەنلىرىڭ نېمىدېگەن يامان! — دېگەن. زەھھاك:

— ھەقىقەتەن ئۆمەر ئىبنى خەتتاب مەزكۇر تەمەتتۇئدىن توسقان، — دېگەن. سەئد:

— ھەقىقەتەن ئاشۇ تەمەتتۇئنى ئاللاھنىڭ رەسۇلى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قىلغان، بىزمۇ ئۇ زات بىلەن بىرگە قىلغان، — دېگەن. ئىمام تىرمىزىي: «بۇ ھەدىس سەھىھ» دېگەن. قاراڭ: تىرمىزىي (823).
27. شافىئىي: «ئەلئۇم»، «ئىختىلافۇ مالىك بۆلۈمى»، 7/198، دارۇل مەئرىفە، بېيرۇت.

Please follow and like us: