يېڭى ئېتىقادىي مەزھەبلەر (3) قادىيانىيلەر

يېڭى ئېتىقادىي مەزھەبلەر (3) قادىيانىيلەر

[273] ئۆز ۋاقتىدا سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋى ھىندىستاننى فەتىھ قىلغىنىدا، مۇسۇلمانلار ھىندىستاننى ئىگىلىگەن ۋە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ھىندىستان مۇسۇلمانلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا بولغان. لېكىن، ئىسلامنىڭ كەڭ قورساقلىقىغا ئاساسەن، ئىسلام ھاكىمىيەتلىرى ھىندىلارنى ئۆز دىنلىرىدا قالدۇرغان. ھىندىلارنى كونترول قىلىۋاتقان دىنلار بۇددىزم ۋە براخمانىزم(1)] ئىدى. ئىككىنچىسىگە چوقۇنىدىغانلارنىڭ سانى كۆپرەك ئىدى. ئىسلام ئىسلامغا ئېتىقاد قىلمايدىغانلارنىڭ ئەقىدىلىرىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ھەتتا ھىندىلارنىڭ ئارىسىدا ئىسلام بىلەن ھىندى دىنىنى بىرلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنغانلار بولغان. نەتىجىدە ناناك (م. 1469 ~ 1539)(2) دېگەن كىشى ئىسلام بىلەن ھىندى دىنىنىڭ ئارىلاشمىسى دەپ سانىلىدىغان بىر دىننى بەرپا قىلغان. ئۇ بولسىمۇ شىمالىي ھىندىستاندىكى بەزى سىكلارنىڭ دىنىدۇر.

گولدزىھېر «ئىسلامدا ئەقىدە ۋە شەرىئەت» ناملىق كىتابىدا بۇ مەزھەب ھەققىدە: «بىزگە شۇ ئايان بولىدۇكى، مۇسۇلمانلارنىڭ سوپىلىرى چوقۇنىدىغان كائىنات بىرلىكى نەزەرىيەسىنى كۆچۈرۈپ كېلىش ئارقىلىق بۇتپەرەسلىكنى ئۆچۈرۈش ۋە ئۇنى تۈگىتىش ھەرىكىتى ئىككى دىننى ماسلاشتۇرۇش ۋە يېقىنلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئامىلى بولغان ئىدى» دېگەن(3).

ئىسلام بۇ بۇددا دىنلىرىغا تەسىر كۆرسەتكەن بولسا، ئىسلامغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنىڭ بەزىسىنىڭمۇ ئۇ دىنلارنىڭ بەزى تەلىماتلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى چوقۇم ئىدى. يەنى ئىنچىكىرەك ئېيتقاندا، ئىسلامنى قوبۇل قىلغان، ئەمما ئىسلامنىڭ پۈتۈن پرىنسىپلىرى تېخى قەلبىگە سىڭىپ بولالمىغان بەزى مۇسۇلمانلارنىڭ كاللىسىدىكى قالدۇق پىكىرلەر مۇسۇلمانلار ئارىسىغا چوقۇملا ئېقىپ كىرەتتى.

(كېيىنكى ئەسىرلەردىكى) سۇلتان بارلىق ھىندىستان زېمىنىنى تىزگىنلەشتىن ئاجىز كەلگەچكە، ئىنگلىزلار ھىندىستاننى ئىستىلا قىلىپ، ھىندىستاندا ئىسلام ھاكىمىيىتى ئورنىغا ئىنگلىز ھاكىمىيىتى چىققاندىن كېيىن، خرىستىيان ياۋروپا مەدەنىيىتى ئەلگە كىردى. گەرچە بەزى ھىندىلار خرىستىئانلاشقان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ سانى خرىستىيانلارنىڭ شىكلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھىندى دىنى مۇرىتلىرى بىلەن مۇسۇلمانلاردىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تائىپىگە تەڭ كېلىدىغان ئۈچىنچى بىر تائىپە بولۇشىغا يول قويمايتتى. ياۋروپا مەدەنىيىتى كۆڭۈللىرىدە ھىندى دىنىنىڭ قالدۇقلىرى بار ھالەتتە ئىسلامغا كىرگەن ياكى ئىسلامىي ھەقىقەتلەرنى بىلگەن، ئەمما ئۇنىڭغا سادىق مۇئمىنلەردەك چىن ئىشەنمىگەن ئاشۇ كىشىلەرنىڭ قەلبلىرىگە ھۇجۇم قىلىشقا باشلىدى. بۇلار ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن ئەئرابىيلارغا ئوخشايتتى: ﴿قَالَتِ ٱلۡأَعۡرَابُ ءَامَنَّاۖ قُل لَّمۡ تُؤۡمِنُواْ وَلَٰكِن قُولُوٓاْ أَسۡلَمۡنَا وَلَمَّا يَدۡخُلِ ٱلۡإِيمَٰنُ فِي قُلُوبِكُمۡۖ / ئەئرابىيلار: «ئىمان ئېيتتۇق» دەيدۇ، (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «(تېخى) ئىمان ئېيتمىدىڭلار ۋە لېكىن سىلەر بويسۇندۇق دەڭلار، ئىمان تېخى دىلىڭلارغا كىرمىدى﴾(49/«ھۇجۇرات»: 14).

خرىستىئان مەدەنىيىتى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن ياۋروپا تەلىماتلىرى بۇ ئىمانى ئاجىزلارنىڭ قەلبلىرىدىن چوڭ ئورۇن ئالغان ئىدى. چۈنكى، ئۇلار ئىسلام پرىنسىپلىرىنى مۈجمەل ھالەتتە بىلگەن ۋە ئىسلام پرىنسىپلىرى تېخى ئۇلارنىڭ قەلبلىرىگە ئورنىمىغان ئىدى.

بۇ يۇرتلارغا ياۋروپا مەدەنىيىتىنى كىرگۈزگەن ئىنگلىزلار ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيىتىدىن تەسىرلەنگەن مۇسۇلمانلارنى تاللاپ چىقىپ، ئۇلارنى ئۆزلىرىگە يېقىن تۇتتى ۋە ئۇلارنى «مۇسۇلمانلار» نامىدا ھاكىم قىلدى، بۇلار شۇ يەردىكى مۇسۇلمانلارغا ۋەكىللىك قىلدى.

[274] شۇ جەھەتتىن، ھىندىستاندا ئازغۇن تائىپىلەر مەۋجۇد بولدى. گەرچە سانلىرى ئاز بولسىمۇ، شۇ تائىپىلەرنىڭ ئوبرازلىقراقى، كۈچلۈكرەكى ۋە ئەڭ پائالىيەتچانراقى قادىيانىيلەر تائىپىسىدۇر. ئۆزلىرىنى ئىسلامغا تەۋە قىلىدىغان بۇ تائىپىنىڭ قۇرغۇچىسى 1908 – يىلى 26 – مايدا ئۆلگەن مىرزا غۇلام ئەھمەد قادىيانىيدۇر. ئۇ لاھوردىن 60 مىلچە يىراقلىقتىكى قادىيان دېگەن يەرگە نىسبەت بېرىلىدۇ. ئۇ شۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان ۋە قەبرسىگە «ۋەدە قىلىنغان مىرزا غۇلام ئەھمەد» دەپ يېزىلغان، يەنى شەرىئەتنى تىرىلدۈرۈش بىلەن ۋەدە قىلىنغان ۋە جەننەت بىلەن خۇش بېشارەت بېرىلگەن مەھدىي مۇنتەزەر دېمەكچى.

بۇ غۇلام ئەھمەد ھىندى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا نوپۇزىنى تارقىتىشقا باشلاپ، كەشمىرگە يېقىن سرىناگار دېگەن جايدىن يۈسۈف ئاساف دېيىلىدىغان بىر ئەۋلىيائنىڭ قەبرسىنى تاپقان ۋە مۇنداق ئېيتقان: «بۇ مەريەم ئوغلى ئىيسانىڭ قەبرسىدۇر، يەھۇدىيلەرگە شۈبھە سېلىنىپ، ئېسىلىشتىن قۇتۇلۇپ قالغان چاغدا، يەھۇدىيلەردىن قاچقان ۋە يۈرۈپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئەجەل كەلگەن ۋە مۇشۇ قەبرگە دەپنە قىلىنغان». ئۇ مۇددىئاسىنى تارىخ بىلەن ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنغان. ئۇ بۇ گەپ بىلەن «قۇرئان كەرىم» مۇئەييەنلەشتۈرگەن بىر ھەقىقەتنىڭ بىر پارچىسىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنىدۇ، ئۇ بولسىمۇ يەھۇدىيلەرنىڭ ھەزرىتى مەسىھ ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرمىگەنلىكىدۇر. لېكىن، ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىيسانىڭ ئاسمانغا كۆتۈرۈلمىگەنلىكىنى، بەلكى زېمىنغا، مۇشۇ يەرگە دەپنە قىلىنغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئۇ كۆپچىلىك مۇسۇلمانلارغا قارشى يول تۇتىدۇ. كۆپچىلىك مۇسۇلمانلار ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿بَل رَّفَعَهُ ٱللَّهُ إِلَيۡهِۚ﴾(4/«نىساﺋ»: 158) دېگەن سۆزىنىڭ زاھىرىنى ۋە يەنە ﴿إِنِّي مُتَوَفِّيكَ وَرَافِعُكَ إِلَيَّ﴾(3/«ئال ئىمران»: 55) دېگەن سۆزىنىڭ زاھىرىنى تۇتۇپ: «ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەن» دەيدۇ. بۇنىڭغا پەقەت ئاز ساندىكى ئالىملار قارشى يول تۇتۇپ: «كۆتۈرۈلۈش تەن بىلەن ئەمەس، روھ بىلەن بولغان» دەيدۇ.

شۇڭا، دەيمىزكى، غۇلام ئەھمەد قادىيانىي دەسلەپتە دېگەن تۇنجى قاراش ئۇنىڭ «ئىيسا ئاسمانغا تېنى بىلەن كۆتۈرۈلمىدى، بەلكى روھى بىلەن كۆتۈرۈلدى، ئۇنىڭ جەسىتى زېمىنغا، نەق مۇشۇ ماكانغا دەپنە قىلىنغان» دېگەن سۆزىدۇر.

[275] ئۇ ئۆزى دەۋا قىلىۋالغان قەبر بايقىلىشىدىن كېيىن، يېڭى بىر مەزھەبكە دەۋەت قىلىشقا يۈزلەندى ۋە ئۆزىنى ھىجرىيە 14 – ئەسىرنىڭ ئىسلام مۇجەددىدى دەپ دەۋا قىلدى. ئۇ بۇنىڭدا ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنۇ سۆزىنى تۇتقا قىلدى: «إِنَّ اللَّهَ يَبْعَثُ لِهَذِهِ الأُمَّةِ عَلَى رَأْسِ كُلِّ مِائَةِ سَنَةٍ مَنْ يُجَدِّدُ لَهَا دِينَهَا / ئاللاھ ھەقىقەتەن بۇ ئۈممەتكە ھەر 100 يىلنىڭ بېشىدا دىنىنى يېڭىلايدىغانلارنى(4) ئەۋەتىدۇ»(5). ئۇ ئۆزىنى مۇشۇ ئاخىرقى يۈز يىلنىڭ مۇجەددىدى دەپ داۋراڭ سالدى ۋە تۆۋەندىكى ئىشلارنى ئۆزىدە دەۋا قىلدى:

1. ئۇنىڭ مەسىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قەبرسىنى تېپىپ چىققانلىقى ۋە بۇ قەبرنى تېپىش بىلەن ئۆزىگە مەسىھنىڭ روھىنىڭ ۋە كۈچىنىڭ كىرگەنلىكى، ئۆزىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقان مەھدىي ئىكەنلىكى، ئۆزىنىڭ مەسىھنىڭ روھى بىلەن ۋە مەھدىيلىك سۈپىتى بىلەن دىن ئىشىنى يېڭىلايدىغانلىقى، دېگەنلىرىنىڭ ھەق ئىكەنلىكى، ھېچكىمنىڭ ئىنكار قىلىش ھوقۇقى يوقلۇقى، چۈنكى ئۆزىنىڭ ئاللاھ تائالاغا ۋاكالىتەن گەپ قىلىۋاتقانلىقى قاتارلىقلار.

2. لېكىن، ئۇ مەھدىيلىك بىلەنلا بولدى قىلماي، ئۆزىنىڭ تېنىگە ئىلاھلىقنىڭ چۈشكەنلىكىنى دەۋا قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ تېنىگە ئىلاھنىڭ چۈشكەنلىكىنى دەۋا قىلىشى ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ تېنىغا مەسىھنىڭ كۈچىنىڭ چۈشكەنلىكى توغرىسىدىكى گېپى بىلەن ماسلاشسا كېرەك. ئۇ بۇنى ھازىرقى خرىستىئانلىقتىن ئالغان. چۈنكى، ھازىرقى خرىستىئانلار «مەسىھ (ئەلەيھىسسالام) دا ئىنسانلىق بىلەن ئىلاھلىق جەملەشكەن» دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ.

3. ئۇ ئۆزىنىڭ قولىدا زاھىر بولغان مۆجىزىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ دەۋالىرىنى ئىسپاتلايدىغانلىقىنى دەۋا قىلدى. ھ. 1312/م. 1894 – يىلى رامازاندا كۈن ۋە ئاينىڭ تۇتۇلۇش ھادىسىسى يۈز بەردى. ئۇ بۇ ھادىسىنىڭ ئۆزىنىڭ قولىدا ۋە ئۆزى سەۋەبلىك يۈز بەرگەنلىكىنى، بۇ ئىشنىڭ ئۆزىنىڭ دەۋىتىنى ياكى ئەلچىلىكىنى ئىسپاتلايدىغان مۆجىزىسى ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلدى.

ئۇنىڭ بىر كىتابىدا مۇنداق كەلگەن: «ئۇنىڭ(6) ئۈچۈن يورۇق ئاي تۇتۇلغان بولسا، مېنىڭ ئۈچۈن نۇرلۇق قۇياش ۋە ئاي تۇتۇلدى». بۇ گەپنىڭ مەنىسى ئوچۇق بولسىمۇ، بۇنى ئۇنىڭ بەزى ئەگەشكۈچىلىرى مۇنداق دەپ تەفسىرلىگەن: «ئاينىڭ تۇتۇلۇشى ئۇنىڭ راستلىقىنىڭ دەلىلى بولسا، مېنىڭ راستلىقىمنى قانداقمۇ ئىنكار قىلىسەن؟ ۋەھالەنكى مەن ئۈچۈن قۇياش ۋە ئاي تۇتۇلدى»(7).

4. ئۇ ئۆزىنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرلىكىنىڭ مۇھەممەدنىڭ «خاتەمۇننەبىييىن» ئىكەنلىكىگە زىت كەلمەيدىغانلىقىنى دەۋا قىلىدۇ. چۈنكى، ئۇ «خاتەمۇننەبىييىن»نىڭ مەنىسىنى «مۇھەممەدتىن كېيىن كېلىدىغان ھەربىر پەيغەمبەر ئۇنىڭ مۆھۈرى ۋە تەستىقى بىلەن كېلىدۇ، ئۇنىڭ شەرىئىتىنى تىرىلدۈرىدۇ، يېڭىلايدۇ» دەپ تەفسىرلەيدۇ(8). ئۇ (قادىيانىي) «ۋەھيىنىڭ ھەقىقىتى (حَقِيْقَةُ الْوَحْيِ)» ناملىق كىتابىدا دەيدۇكى: «ئۇ خاتەمۇلئەنبىيائدۇر، بۇنىڭ مەنىسى يالغۇز ئۇلا مۆھۈر ئىگىسىدۇر، ھېچكىم ۋەھيى نېئمىتىگە ئۇنىڭ مۆھۈرىنىڭ شاراپىتىسىز نائىل بولالمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈممىتىگە تا قىيامەت كۈنىگىچە خۇدا بىلەن سۆزلىشىش ۋە خىتابلىشىش ئىشىكى ھەرگىزمۇ تاقالمايدۇ. ھازىرمۇ مۆھۈرنىڭ ئىگىسى پەقەتلا ئۇدۇر، يالغۇز ئۇنىڭ مۆھۈرىلا پەيغەمبەرلىكنى ھاسىل قىلالايدۇكى، بۇ پەيغەمبەرلىككە ئىگە بولىدىغان ئادەم مۇھەممەدنىڭ ئۈممىتىدىن بولىدۇ»(9).

ئۇ يەنە «ئەتتەئلىم (التعليم)» دېگەن كىتابىدا دەيدۇكى: «ئەقىدە جەھەتتىن ئاللاھنىڭ سىلەردىن تەلەپ قىلىدىغىنى: ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە، مۇھەممەدنىڭ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ھەمدە خاتەمۇلئەنبىياﺋ ۋە جىمى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەۋزىلى ئىكەنلىكىگە، ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەر يوقلۇقى، پەقەتلا ئەگەشكۈچىلىك ئاساسىدا مۇھەممەدنىڭ چاپىنىنى كىيگەن پەيغەمبەرنىڭ بارلىقىغا ئېتىقاد قىلىشىڭلاردۇر. چۈنكى، خىزمەتكار ئۆزىنىڭ خوجايىنى بىلەن زىتلاشمايدۇ، شاخ ئۆزىنىڭ يىلتىزىدىن ئايرىلمايدۇ»(10).

ئۇ يەنە: «ئەگەر مەن مۇھەممەدنىڭ ئۈممىتىدىن بولمىسام ئىدىم ۋە ئەگەر ئۇنىڭ يولىغا ئەگەشمىسەم ئىدىم، ئەمەللىرىم پۈتۈن دۇنيا تاغلىرىغا تەڭ كەلگەن تەقدىردىمۇ، ئىلاھىي مەرتىۋىگە ۋە ئىلاھىي سۆزلىشىشكە مۇشەررەپ بولالمايتتىم. چۈنكى، مۇھەممەدنىڭ پەيغەمبەرلىكىدىن باشقا جىمى پەيغەمبەرلىكلەر ئۈزۈلگەن؛ ئۇنىڭدىن كېيىن ئايرىم شەرىئىتى بار پەيغەمبەر يوقتۇر. ئەمما، ئايرىم شەرىئىتى يوق پەيغەمبەرنىڭ بولۇشى مۇمكىن، ئۇنداق پەيغەمبەرنىڭ مۇھەممەدنىڭ ئۈممىتىدىن بولۇشى تېخىمۇ لايىقتۇر» دېگەن(11).

بۇ پرىنسىپتا ئۇ ئۆزىنىڭ بىر پەيغەمبەر ئىكەنلىكى، ئۆزىنىڭ مۆجىزىلىرىنىڭ ئاي ۋە كۈننىڭ تۇتۇلۇشى ئىكەنلىكى، بۇ ئىككى ھادىسە يۈز بېرىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭدىن خەبەر بەرگەنلىكىنى، «خاتەمۇلئەنبىياﺋ» كەلىمەسىنىڭ بۇنىڭغا زىت كەلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. چۈنكى، ئۇ «خاتەم»نى باشقىچە بىر مەنا بىلەن تەفسىرلەيدۇ، ئۇ مەنا بولسىمۇ: مۇھەممەدتىن كېيىن پەيغەمبەر يوق، ئەمما ئۇنىڭ مۆھۈرى بىلەن يەنى ئۇنىڭ شەرىئىتىنى تۇرغۇزۇش بىلەن بار.

شۇنىسى ئاشكارىكى، ئۇنىڭ دەۋىتى تەدرىجىي تەرەققىي قىلغان ئىدى. ئۇ باشتا ئىيسانىڭ روھىنىڭ ئۆزىگە يۆتكەلگەنلىكىنى ۋە ئۆزىگە ئىلاھلىقنىڭ چۈشكەنلىكىنى دەۋا قىلدى، ئاندىن كېيىن رىسالەتى(12) مۇھەممەدىييەنىڭ سايىسى ئاستىدىكى پەيغەمبەرلىك دەۋاسى بىلەن كۇپايىلەندى. ئۇنىڭ مۆجىزىسى بولسا يۇقىرىدا بىز تىلغا ئالغان ئىشتۇر. ۋەھالەنكى ئۇ چاغدا ئاسترونومىيە ئىلمى تەرەققىي قىلغان. مېتېئورولوگىيە ئالىملىرىنىڭ نەچچە ئاي ئالدىن ئاي ۋە كۈننىڭ تۇتۇلىدىغانلىقىدىن خەبەر بېرىدىغانلىقىنى كۆرىمىز. بۇ چاغدا ئىلىم تەرەققىي قىلىپ بولغان ئىدى. ئەگەر ئۇنىڭ ئالدىن خەبەر بەرگەنلىكى راست بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇ مۇئجىزە ئەمەس. چۈنكى، مۆجىزىنىڭ ئاساسى باشقىلارنى ئاجىز قالدۇرۇشتۇر ۋە باشقىلارغا مۇئجىزە بىلەن رىقابەت ئېلان قىلىشتۇر. ئۇنىڭدىن باشقىلار ئاجىز قالمىغان ئىكەن، رىقابەت ئېلان قىلىشنىڭ ئورنى يوق.

[276] بىز ئەمدى قادىيانىيلىقنىڭ قۇرغۇچىسىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچ تەشۋىقاتى ھەققىدە توختىلىمىز. ئۇنىڭ ئاخىرقى باسقۇچ تەشۋىقاتى: ئۆزىنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكى، ئاللاھ تائالا بىلەن سۆزلىشىدىغانلىقى، ئۆزىنىڭ مۇھەممەدنىڭ شەرىئىتىنى تەفسىرلەيدىغانلىقى، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىدىغانلىقى ۋە ئۇنى مۇئەييەنلەشتۈرىدىغانلىقى، ئۆزىنىڭ شەرىئەتنى تەفسىرلەپ يېڭىلاش ئۈچۈن ھىجرىيە 14 – ئەسىرنىڭ بېشىدا ئەۋەتىلگەنلىكى قاتارلىقلاردۇر. ئۇنىڭ تەفسىرلىشى تۆۋەندىكىچە:

1. «قۇرئان كەرىم» ماختىغان دىنلارنىڭ ئەھلىلىرىنىڭ بۇ زاماندىمۇ مەۋجۇدلۇقى، «قۇرئان كەرىم»نىڭ يەھۇدىيلىق بىلەن خرىستىئانلىقنى ياخشى سۈپەت بىلەن تىلغا ئالغانلىقىدۇر. قادىيانىيلەر ھازىرقى يەھۇدىيلەر بىلەن خرىستىيانلارغىمۇ شۇ سۈپەتلەرنىڭ ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان. شۇڭلاشقا، قادىيانىي ئىنگلىزلارنى دوست تۇتىدۇ، ئۇلارنىڭ ھىندىستاندىكى (باسقۇنچىلىقتىن ئىبارەت) ياخشىلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ ۋە ئىسلامنى ئۇلارغا بويسۇندۇرىدۇ. ئۇ ئېيتىدۇ: «كىشىلەرگە نەچچە قېتىملاپ ئاشكارىلاپ كېلىۋاتقان ئېتىقادىم شۇكى، ئىسلام ئىككى ئاساس ئۈستىگە قۇرۇلغان. بىرى: ئاللاھقا بويسۇنۇشىمىز، ئىككىنچىسى: تىنچلىقنى ھاسىل قىلغان، جانلىرىمىزنى تاجاۋۇزچىلارنىڭ تاجاۋۇزىدىن ساقلىغان ھۆكۈمەتلەرگە قارشى چىقماسلىقىمىزدۇر، گەرچە ئۇ ھۆكۈمەت بېرىتانىيە ھۆكۈمىتى بولسىمۇ».

ئۇ يەنە ئېيتىدۇ: «مۇئمىنلەر ئۆزلىرىنىڭ ھالىنى ئۆزلىرى ئۆزگەرتمىگۈچە، ئۇلارنىڭ نان كورلۇق قىلىشى((13) ھارامدۇر. مۇئمىن ئەر، ئاياللارنىڭ ئۇلارنىڭ ئابرۇيى ۋە مېلىنى قوغدايدىغان، ئەھلى، بالا – چاقىسىنى ھىمايە قىلىدىغان، ياخشىلىق قىلىدىغان، قايغۇلارنى كەتكۈزىدىغان بىر پادىشاھقا ياخشىلىقتا ئاسىي بولۇشى توغرا ئەمەس. ئەي پەتۋا سورىغۇچىلار! پەتۋانى ئېلىڭلار، ئىلىمسىز پەتۋا بېرىدىغان، ئۆزىمۇ ئېزىپ باشقىلارنىمۇ ئازدۇرىدىغان ئالىملارنىڭ قاراشلىرىنى تۇتماڭلار»((14).

2. ئۇ «جىھادنىڭ ۋاقتى ئۆتتى، چۈنكى جىھادنىڭ مەقسەتلىرى ئىشقا ئېشىپ بولدى، شۇڭا دىندا فىتنە تۈگىگەندىن كېيىن ئەمدى ئۇنىڭغا ئېھتىياج يوق» دەپ قارىغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇرۇش قىلغۇچى ياكى ئۇرۇش قىلىشقا چاقىرغۇچى ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «مەن ئۆزۈمنى فاتىمەنىڭ ئوغۇللىرىدىن بولىدىغان، زېمىننى قانغا تولدۇرىدىغان، كىشىلەر كۈتۈۋاتقان قۇرەيشلىك مەھدىي دەپ قارىمايمەن. مەن بۇنداق ھەدىسلەرنى سەھىھ دېمەيمەن، بەلكى ئۇ بىر دۆۋە توقۇلمىلاردۇر. شۇنداق! مەن ئۆزۈمنى ئۇرۇش – جەڭلەردىن ئادا – جۇدا ھالدا ۋە ئۇلۇغ زاتنىڭ يۈزىنى، كۆپىنچە ئۈممەتلەردىن پەردىلەنگەن ئاشۇ يۈزنى تىنچ ۋە سىلىق ئۇسۇل بىلەن نامايەن قىلغان ھالدا ياشايدىغان ۋەدىلىك مەسىھ دەپ دەۋا قىلىمەن. مەن ئىشىنىمەنكى، ئەگەشكۈچىلىرىمنىڭ سانى قانچە كۆپەيسە، ئاتالمىش ›جىھاد‹ دەيدىغانلارنىڭ سانى شۇنچە ئازلايدۇ. چۈنكى، ماڭا مەسىھ ۋە مەھدىي سۈپىتىمدە ئىمان ئېيتىشنىڭ مەنىسى جىھادنى رەت قىلىشتۇر» دېگەن((5).

«بۈگۈن كافىرلار ئارىسىدىن كىم دىن ئۈچۈن قىلىچ كۆتۈرۈۋاتىدۇ؟ كىم مۇسۇلمانلارنى ئۆزلىرىنىڭ دىنىدىن توسۇۋاتىدۇ؟ مەسجىدلەردە ئەزان توۋلاشتىن ۋە مەسجىدلەردە ناماز ئوقۇشتىن كىم توسۇۋاتىدۇ؟ ئەگەر مۇشۇنداق خاتىرجەم كۈنلەردە مەسىھ ئوتتۇرىغا چىقىپ، بۇ خاتىرجەملىكنى مەنسىتمىسە ۋە ھېچ سەۋەبسىز دىن ئۈچۈن قىلىچ كۆتۈرمەكچى بولسا، ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، بۇنداق شەخس يالغانچىدۇر، ئويدۇرمىچىدۇر. ئۇ ئەسلا راست مەسىھ ئەمەس. قىلىچ ۋە تاياق ھەرگىزمۇ قەلبلەرگە ئىماننى كىرگۈزەلمەيدۇ… بۇ ›سەھىھۇلبۇخارىي‹دا ۋەدە قىلىنغان مەسىھنى ناھايىتى روشەن سۈپەتلىگەن بىر ھەدىس بار. ئۇ ھەدىستە ›يَضَعُ الْحَرْبَ‹ دەپ بار، يەنى ۋەدە قىلىنغان مەسىھ ھەرگىزمۇ ئۇرۇش، جەڭ ئۈچۈن ئەۋەتىلمەيدۇ. شۇڭا، ھەيرانمەن، سىلەر بىر جەھەتتىن ›سەھىھۇلبۇخارىي‹ ›قۇرئان كەرىم‹دىن قالسىلا ئەڭ سەھىھ كىتاب دەيسىلەر، يەنە بىر جەھەتتىن بۇخارىينىڭ ھەدىسىگە ئوپئوچۇق زىت كېلىدىغان ھەدىسلەرنى تۇتىسىلەر. بۇنداق مىڭلىغان كىتابلارغا ئەھمىيەت بەرمەسلىكىڭلار لايىق ئىدى. چۈنكى، ئۇ كىتابلارنىڭ تېمىسى بۇخارىينىڭ تېمىسىغىلا زىت كەلمەيدۇ، بەلكى ›قۇرئان كەرىم‹گىمۇ ئوچۇق زىت كېلىدۇ»(16).

3. ئەگەر ئۆزىنى ئاشكارا يالغانغا چىقارمىغان ۋە كافىرغا چىقارمىغان بولسا، غۇلام ئەھمەد مۇسۇلمانلار ئىچىدە ئۆزىگە ئەگەشكەنلەردىن باشقىلارنى كافىرغا چىقارمايدۇ. ئەگەر ئۇنى ئاشكارا كافىرغا چىقارغان ۋە يالغانغا چىقارغان بولسا، دېمەك ئۇنىڭ نەزەرىدە ئۇلار كافىردۇر. ئۇ ئۆزىنىڭ قاراشلىرىغا نىسبەتەن ئىنسانلارنى مۇنداق ئۈچ قىسىمغا بۆلىدۇ:

بىرىنچى قىسىم: ئۇنىڭ دېگىنىگە ئىمان ئېيتقان ئەگەشكۈچىلىرى. ئۇلار تەلەيلىكلەردۇر.

ئىككىنچى قىسىم: ئۇنى يالغانغا چىقارغانلىقى ياكى ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتقانلىقى بىلىنمىگەنلەر. ئۇ بۇ قىسىم ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «شۇنى تىلغا ئالماق لايىقكى، يالغانغا چىقارغۇچىلارنى كافىرغا چىقىرىش شەرىئەت ئىگىسى بولغان پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىشىدۇر. ئەمما، پەيغەمبەرلەردىن باشقا ئىلھام ئاتا قىلىنغۇچىلار بولسا، ئىلاھىي جانابنىڭ نەزەرىدە ئۇلارنىڭ شەئنى قانچە يۇقىرى بولسۇن ۋە ئۇلارنىڭ مەرتىۋىسى قانچە ئۈستۈن بولسۇن، ئۇلارغا قانچىلىك ئىلاھىي سۆزلىشىش بەخش ئېتىلسۇن، ھېچكىم ئۇلارنى ئىنكار قىلىش سەۋەبلىك كافىرغا چىقىرىلمايدۇ. بۇ رەببانىي مۇقەررەبلەرنى يالغانغا چىقىرىدىغان ئەنە شۇ ئىنكارچى كىشى تەلەيسىز ئادەمدۇر. چۈنكى، ئۇ ئىنكارى سەۋەبلىك، قەلبى ئاستا – ئاستا قاساۋەتلىشىشكە باشلايدۇ، ئاخىرىدا ئۇنىڭ دىلىدىن ئىمان نۇرى يوقايدۇ».

ئۈچىنچى قىسىم: ئۇنى يالغانغا چىقىرىپ، ئۇنى كافىر دەپ ئېلان قىلغان كىشىلەر. ئۇ قانداق قىلسا، شۇنداق قىلىش يوسۇنىدا، ئۇنداقلارغا «كافىر» دەپ ھۆكۈم قىلىدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە ئېيتىدۇ: «شەكسىزكى، مەن ھەقتىن ۋە راستتىن بۇرۇلۇپ كەتكەن كىشىنى بۇلغانغان دەپ ھېسابلايمەن. لېكىن، مەن ئىككى شاھادەتنى ئېيتقان كىشىنى مادامىكى ئۇ مېنى كافىرغا چىقارمىسا، مېنى يالغانغا چىقارمىسا ۋە ئۆزىگە كۇفۇرلۇقنى پۈتۈۋالمىسىلا، كافىر دەپ ئاتىمايمەن. بۇ مۇئامىلىدە مۇخالىپلار دائىم مېنىڭ ئالدىمدىدۇر. چۈنكى، ئۇلار مېنى كافىرغا چىقاردى ۋە ماڭا شۇنداق پەتۋا بەردى. ئۇلار مېنى كافىرغا چىقىرىش ئارقىلىق پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ پەتۋاسىغا ئاساسەن كافىرلاردىن بولۇپ كېتىدۇ. ئۇلارنى مەن كافىرغا چىقارمايمەن، بەلكى ئۇلار ئۆزلىرىنى رەسۇلۇللاھنىڭ پەتۋاسى ئاستىغا كىرگۈزىدۇ»(17).

شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ ئەگەشكۈچىلىرىنى ئۆزىنى كافىرغا چىقارغان ياكى يالغانغا چىقارغان مۇخالىپلارنىڭ جىنازا نامىزىدىن توسىدۇ. ئۇ 1902 – يىلى ئۆزىگە تاشلانغان بىر سوئالغا جاۋابەن: «بىزنى ئاشكارا تىللىغان، بىزنى ئوچۇق كافىرغا چىقارغان ۋە قاتتىق ئىنكارچىلاردىن بولغانلارنىڭ جىنازا نامىزىنى ئوقۇش ئەلبەتتە توغرا ئەمەس. ئەمما، قانداقلىقى نامەلۇم كىشىگە كەلسەك، ئۇنىڭ جىنازا نامىزىنى ئوقۇشتا چاتاق يوق. چۈنكى، جىنازا نامىزى ئەمەلىيەتتە دۇئادۇر. ھەر ھالدا توختاپ تۇرغان ياخشىدۇر (يەنى ماڭا ئىمان ئېيتقانلىقىنى ئېلان قىلمىغۇچە ئۇنىڭ نامىزىنى ئوقۇماسلىق ئەۋزەلدۇر)» دېگەن.

4. قادىيانىيلەر «غۇلام ئەھمەدنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئىمان ئېيتمىغانلارنىڭ قادىيانىي خوتۇنلارنى ئېلىشى جائىز بولمايدۇ» دەپ قارايدۇ. ئۇلار قادىيانىي ئەرنىڭ غۇلام ئەھمەدكە ئىمان ئېيتمىغان خوتۇننى ئېلىشىنى جائىز قىلىدۇ. گويا ئۇلار ئۆزلىرىدىن باشقىلارغا ئەھلى كىتابقا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىدىن باشقىلارنى دەسلىپىدىلا مۇسۇلمان ھېسابلىمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، ئەگەر ئۇلار ئۆزلىرىدىن باشقىلارنى مۇسۇلمان ھېسابلىسا ئىدى، خوتۇنلىرىنى مۇخالىپلار بىلەن تويلىشىشتىن توسمايتتى. بۇ ھەقتە غۇلام ئەھمەدنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ بىرى دەيدۇكى: «مەزھەب ئوخشىماسلىقى ۋە دىن ئوخشىماسلىقى ئەر – خوتۇننىڭ بىرىنى نىجىس قىلمايدۇ، ئەگەر ئوخشىماسلىق ئەر – خوتۇننىڭ بىرىنى نىجىس قىلىدىغان بولسا ئىدى، ئىسلام مۇسۇلماننىڭ كىتابىي خوتۇننى ئېلىشىغا رۇخسەت قىلمىغان بولاتتى. دېمەك، ئىسلامنىڭ مۇسۇلماننىڭ ناسارا ياكى يەھۇدىي خوتۇننى ئېلىشىغا رۇخسەت قىلىشى ۋە يەھۇدىي ياكى ناسارانىڭ مۇسۇلمان خوتۇننى ئېلىشىغا رۇخسەت قىلماسلىقى مەزھەب ياكى دىن ئوخشىماسلىقىنىڭ ئىككى تەرەپنىڭ بىرىنى نىجىس قىلمايدىغانلىقىنىڭ دەلىلىدۇر. خوتۇن كىشى ئەسلىدە تېگىدىن ئاجىز بولغاچقا، ئەگەر بېسىم، زورلۇققا ۋە ئۇنىڭدىن باشقا يوللارغا ئۇچرىسا، ئېرىنىڭ مەزھەبىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش خەۋپى بار. بۇ ھېچبىر ئاقىل ئىنكار قىلمايدىغان بىر ئىشتۇر»(18).

[277] مانا بۇلار غۇلام ئەھمەد بېرىپ توختىغان ۋە شۇنىڭ ئۈستىدە چىڭ تۇرۇپ ئۆلگەن قاراشلىرىدۇر. ئۇ مىلادىيە 1908 – يىلى 26 – مايدا ئۆلۈشتىن بۇرۇن جامائەتى ئەھمەدىيە ئىشىنىڭ پۈتۈن جامائەتتىن سايلانغان بىر مەجلىسكە تاپشۇرۇلۇشىنى ۋە بۇ مەجلىسنىڭ روھىي رەھبەردىن ئىبارەت ئۆزىنىڭ خەلىفەسىنى سايلاپ چىقىشىنى ۋەسىيەت قىلدى.

ئۇنىڭدىن كېيىنكى تۇنجى خەلىفە مەۋلاي نۇرىددىن بولدى. ئۇ غۇلام ئەھمەدنىڭ تەلىماتلىرىنى مۇھاپىزەت قىلدى ۋە ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن مەزكۇر جامائەتنى باشقۇردى. بۇ جامائەت مىسلىسىز ئاكتىپچانلىققا ئىگە بولۇپ، جامائەتنىڭ كۆپىنچە ئەزالىرى كەڭ مەلۇماتلىق كىشىلەردۇر. ناۋادا ئۇلار ھەق ئىسلامغا خىزمەت قىلىدىغانلاردىن بولسا ئىدى، ئىسلامغا زور پايدا يەتكۈزەتتى. لېكىن، مانا ئۇلارنىڭ باتىل ئەقىدىلىرى ۋە تەشەببۇسلىرى.

جامائەتى ئەھمەدىيەنىڭ قۇرغۇچىسىنىڭ پۇشتىدىن بولمىغان بىرىنىڭ خەلىفە بولۇپ سايلىنىشى سەۋەبىدىن، ئۇلارنىڭ قىزىققانلىرى «پات يېقىندا غۇلام ئەھمەدنىڭ جەمەتىدىن يېڭى بىر مەھدىي كېلىدۇ» دەپ دەۋا قىلدى ۋە بۇ ئېتىقاد ئۇلارنىڭ جامائىتىگە ھۆكۈم سۈردى.

[278] لېكىن، بۇ جامائەت غۇلام ئەھمەدتىن كېيىن ئۆزگەرمەي ماڭدىمۇ؟ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا غۇلام ئەھمەدنى مۆجىزىلەرگە ئىگە بىر پەيغەمبەر دېمەيدىغان، بەلكى ئۇنى پەقەت «ئىلھام ئاتا قىلىنغان بىرى» دەيدىغان بىر جامائەت مەۋجۇد بولدى. ئۇنىڭ سۆزلىرىدىمۇ ئۇنىڭ ئىلھام ئاتا قىلىنغان بىر كىشى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدىغان مەزمۇنلار كەلگەن. ھالبۇكى، ئۇنىڭ جامائىتى ئۇنى ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر دەپ ئېتىقاد قىلىپ ۋە ئۇنى پەيغەمبەرلەرگە خاس سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەپ كەلگەن ئىدى ھەمدە ئۇنىڭغا «ئەلەيھىسسالام» دېيىلەتتى. ئۇلار «ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىسپاتلىغان مۆجىزىلىرى بار» دەپ ئېتىقاد قىلاتتى.

جىھاد ئىشىغا نىسبەتەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدە «جىھادنىڭ مەنسۇخ قىلىنىشى ياكى ھۆكمىنىڭ تۈگىشىدىن مەقسەت ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن قىلىنىدىغان جىھاد ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭدىن مەقسەت ھۇجۇم خاراكتېرلىك ئۇرۇش» دەيدىغان بىر پىرقە مەۋجۇد بولدى. بۇ تەئۋىلدە چاتاق يوق، لېكىن شۇنى مۇقەررەرلەشتۈرۈشىمىز كېرەككى، ئىسلامدا ئۇرۇش مۇداپىئە ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدۇ، مۇداپىئە گاھىدا ھۇجۇم تۈسىنى ئالىدۇ((19).

ئىنگلىز دۆلىتىنىڭ كۈچى ئاجىزلىغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ ئىنگلىزلارغا بولغان سادىقلىقى ئاجىزلىغان بولسىمۇ، ئۇلار باشقا ئاساسلاردا بىرلەشكەن، ئىختىلاپلاشمىغان.

[279] مانا بۇلار ئۇلارنىڭ كىتابلىرىدا سۆزلەنگەندەك قادىيانىيلىقتۇر. بىز ئۇنى ئۇلار قانداق بايان قىلغان بولسا بىزمۇ بىرنەرسە قوشماي شۇنداق يازدۇق. بۇ بىزنىڭ دىن ۋە مەزھەبلەر ھەققىدە يازغاندىكى ئادىتىمىز بولۇپ، بىز ئۇنى ئوبيېكتىپ تەسۋىرلەشكە تىرىشتۇق.

خوش، ئەمدى دەيدىغىنىمىز: قادىيانىيلەر ئىسلامىي پىرقە دەپ سانىلامدۇ؟ شەكسىزكى، قادىيانىيلىق پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دەۋرىدىن تارتىپ مۇسۇلمانلار ئىجماﺋ قىلغان «مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىلاھىي پەيغەمبەرلىك قورغىنىنىڭ ئاخىرقى بىر پارچىسى» ئىكەنلىكىگە ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۆزىدىن كېيىن پەيغەمبەر كەلمەيدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئوچۇق بايانىغا خىلاپتۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ ئىمامىنىڭ قاراشلىرى ئىچىدە ئۆزىنىڭ مەسىھ ئىكەنلىكى ياكى مەسىھنىڭ روھىنىڭ ئۆزىگە يۆتكەلگەنلىكىنى دەۋا قىلىشتەك ۋە يەنە ئۇلارنىڭ كىتابلىرىدا سۆزلەنگەن باشقا ئىشلاردەك نۇرغۇن غەلىتىلىكلەر بار، پەيغەمبەرلىك ياكى مەسىھنىڭ روھىنىڭ كۆچۈشىدەك بۇ دەۋالارنىڭ ھەممىسىنىڭ قىلچىمۇ دەلىلى يوق. ئۇنىڭ دەۋا قىلغان چوڭراق مۆجىزىسى ئۇنىڭ ئاي ۋە كۈن تۇتۇلۇشتىن بۇرۇن ئۇ ھادىسىدىن ئالدىن خەبەر بەرگەنلىكىدۇر. بۇنداق خەبەر بېرىش ئاسترونومىيە ۋە گېئومېتىرىيە ئالىملىرىدىنمۇ يۈز بېرىدۇ. بۇنداق خەبەر بېرىشلەر ئۇلاردىن تەكرارلىنىپ تۇرىدۇ، ھالبۇكى ئۇلار پەيغەمبەرلىكنى دەۋا قىلغان ئەمەس. چۈنكى، بۇ ئىلىمدۇر، ئىنسانىي بايقاشتۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئىش بۇ ئىلىمنىڭ تەرەققىياتى تاكامۇللاشقاندىن كېيىن مەيدانغا كەلدى. چۈنكى، ئۇنىڭ دەۋىتى 19 – ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 20 – ئەسىرنىڭ بېشىدا بولغان.

بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر جەھەتتىن دەلىلسىز گەپلەردۇر، يەنە بىر جەھەتتىن دەلىل بىلەن ئىسپاتلانغان ھەقىقەتلەرگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. ئۇ قاراشلار ئادەمنى ئىسلامدىن چىقىرىدۇ. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزنى ھېچبىر ئەگرىلىكى يوق تۈپتۈز يولدا قالدۇرۇپ كەتتى.

ئەگەر ئۇ «ئاللاھ ھەقىقەتەن بۇ ئۈممەتكە ھەر 100 يىلنىڭ بېشىدا دىنىنى يېڭىلايدىغانلارنى ئەۋەتىدۇ»(20) دېگەن ھەدىسنى تۇتۇۋالغان بولسا، ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى يېڭىلىغۇچىلار (مۇجەددىدلەر) ھېچقاچان پەيغەمبەرلىكنى ۋە مۆجىزىنى دەۋا قىلغان ئەمەس. ئۇ نېمىشقا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا نورمالسىز بولىدۇ؟!

ئەمەلىيەتتە، ئۇ (دەۋالىرىدا) شىئەلەرنىڭ ئىماملىرىغا يېقىن كېلىپ قالىدۇ. شىئەلەر ئىماملىرىنى مەسۇم ۋە ئىلھام ئاتا قىلىنغۇچى، مۆجىزىلەرنى كۆرسىتەلەيدۇ، دەپ دەۋا قىلىدۇ. لېكىن، شىئەلەر ئىماملىرىغا ۋەھيى كېلىدىغانلىقىنى ۋە ئاللاھ بىلەن سۆزلىشىدىغانلىقىنى دەۋا قىلمايدۇ. دېمەك، قادىيانىينىڭ تەلىماتلىرى قىلچىمۇ ئىسلامدىن ئەمەس.

ئى ئاللاھ! مۇسۇلمانلارنى ئۆم قىلغىن، مۇۋەھھىدلەرنى بىرلەشتۈرگىن، ئۇلارنى ئىززەت – ھۆرمەت ۋە ھەقكە مۇۋەپپەق قىلغىن، يا ئەرھەمەرراھىمىين!

 

ئىسلام مەزھەبلىرى تارىخى/ تاريخ المذاهب الإسلامية؛ ئىمام مۇھەممەد ئەبۇ زەھرە؛ مۇھەممەد قاۋۇل قاراخانىي تەرجىمىسى؛ ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى


1. براخمانىزم (Brahmanism): ﮪﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻥ ۋە ﻧﯧﭙﺎﻟﺪﺍ ﻛﻪﯓ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺩﯨﻦ. ﮪﯩﻨﺪۇلاﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﺴﯩﺪﻩ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻨﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﭺ ﺧﯩﻞ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ «ﺑﺮﺍﺧﻤﺎ»ﻏﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﮪﯩﻨﺪۇلار ﺑﺮﺍﺧﻤﺎﻧﻼﺭنى ئاتالمىش ﺗﻪﯕﺮﻯ «ﺑﺮﺍﺧﻤﺎ» ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻏﺰﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎن بولۇپ، ﺑﺮﺍﺧﻤﺎﻧﻼﺭ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﻪﺭﺧﯩﻠﻠﯩﺮى دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ. ﺷﯘڭا، ﺋﯘﻻﺭ ﻗﯘﻟﻼﺭ ﺗﻪﺑﯩﻘﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ «ﭼﻮﺩﯨﺮ»ﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﻝ – ﻣﯜﻟﻜﯩﻨﻰ ﺧﺎﮪﻠﯩﻐﯩﻨﯩﭽﻪ ﺋﯧﻠﯩﯟﺍﻻﻻﻳﺪﯗ. ﺑﺮﺍﺧﻤﺎﻧﻼﺭ ﮔﯚش ﻳﯧﻴﯩﺸﻨﻰ ﭼﻪﻛﻠﻪﻳﺪﯗ. ﺋﺎﻟﻼﮪﻨﯩﯔ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﯞﻩﺗﻜﯩﻨﯩﮕﻪ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯗ. ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻗﯩﻴﻨﺎﺵ ﯞﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻦ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺳﯘﻏﯘﺭﯗﻟﯘﭖ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ئاتالمىش ﺗﻪﯕﺮﻯ «ﺑﺮﺍﺧﻤﺎ» ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﯨﻜﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻨﻰ ﻛﯚﺯﻟﻪﻳﺪﯗ. ﺑﺮﺍﺧﻤﺎﻧﯩﺰﻡ مىلادىدىن ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ 15 – ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺗﺎ ﻛﯜﻧﯩﻤﯩﺰﮔﯩﭽﻪ ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭ ﺑﻮﻳﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﯞﻩ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، براخمانىزمنىڭ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﻗﯘﺭﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ﻳﻮﻕ. ﻗﺎﺭﺍﯓ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ»، 330 – ﺑﻪﺕ.

2. كىتابنىڭ ئەسلىدە «م. 1838 – يىلى ۋاپات بولغان» دەپ خاتا بېسىلغان. توغرىسى يۇقىرىقىسىدۇر. ﻗﺎﺭﺍﯓ: دوكتور مۇھەممەد ئىبراھىم ئەلھەمەد: «دىنلار توغرىسىدا مۇقەددىمەلەر (رسائل في مذاهب فكرية معاصرة)»، 238 – بەت، دارۇ ئىبنى خۇزەيمە، رىياد، م. 2014.
3. گولدزىھېر: «ئىسلامدا ئەقىدە ۋە شەرىئەت»، 257 – بەت.
4. بۇ يەردىكى يېڭىلاشتىن مۇراد: كىتاب – سۈننەتكە ئەمەل قىلىشلاردىن ئۆچۈپ كەتكەن تەرەپلەرنى تىرىلدۈرۈش ۋە (كىشىلەرنى) كىتاب – سۈننەتنىڭ تەلىپىگە چاقىرىش، پەيدا بولغان بىدئەت ۋە خۇراپاتلارنى ئۆلتۈرۈشتۇر. ﻗﺎﺭﺍﯓ: ئەزىمئابادىي: «ئەۋنۇل مەئبۇد (عَوْنُ الْمَعْبُوْدِ شَرْحُ سُنَنِ أَبِيْ دَاوُدَ)»، 11/263، دارۇل كۇتۇبىل ئىلمىييە، بېيرۇت.
5. ئەبۇ داۋۇد (4291)؛ تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، (1118). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەتى.
6. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى دېمەكچى.
7. مۇنىر ئەلھۈسەين: «قادىيانىييە مەسىلىسى ناملىق كىتابقا رەددىيە (الرد على كتاب المسألة القاديانية)»، 121 – بەت.
8. مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجمائسى بىلەن ئايەتتىكى بۇ سۆزنىڭ مەقسەت قىلىنغان مەنىسى: پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنچىسى، ئاخىرقىسى دېمەكتۇر، بۇ كافىر ئۇنىڭ مەنىسىنى «پەيغەمبەرلەرنىڭ مۆھۈرى» دەپ بۇرمىلىغان.
9. قادىيانىي: «ھەقىيقەتۇل ۋەھيى (حَقِيْقَةُ الْوَحْيِ)»، 27 – بەت.
10. قادىيانىي: «ئەتتەئلىم (اَلتَّعْلِيْمُ)»، 15 – بەت.
11. قادىيانىي: «ئەتتەجەللىياتۇل ئىلاھىييە (اَلتَّجَلِّيَّاتُ الْإِلهِيَّةُ)»، 24 – بەت.
12. رىسالەت: (اَلرِّسَالَةُ)، ئە. ئەلچىلىك، پەيغەمبەرلىك. قاراڭ: خەمىت تۆمۈر، ئابدۇررەئۇپ پولات: «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، (2016)، 324 – بەت.
13. بېرىتانىيە ھۆكۈمىتىگە قارشى چىقىشنى نان كورلۇق دېمەكچى.
14. قادىيانىي: «ئەتتەبلىغ (التبليغ)»، 42 – بەت.
15. قادىيانىي: «ئەتتەبلىغ (التبليغ)»، 17 – بەت.
16. قادىيانىي: «تىرياقۇل قۇلۇب (ترياق القلوب)»، 16، 17 – بەت.
17. قادىيانىي: «تىرياقۇل قۇلۇب»، 130 – بەت.
18. مۇنىر ئەلھۈسەين: «قادىيانىييە مەسىلىسى ناملىق كىتابقا رەددىيە»، 39 – بەت.
19. بۇ مۇئەللىفنىڭ ۋە بىر قىسىم ئالىملارنىڭ قارىشى بولۇپ، بۇلار: مۇسۇلمان بولمىغانلار بىلەن ئەسلىدە تىنچ ئۆتۈش ئاساس. پەقەتلا مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىغا، زېمىنىغا، مال – مۈلكىگە تاجاۋۇز قىلىنسا ياكى كافىرلارنىڭ زېمىنىدىكى بىچارە مۇسۇلمانلار بوزەك قىلىنسا ياكى كافىرلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا ھۇجۇم قىلىش ئېھتىمالى بولسا ياكى ئەركىن ئىسلام دەۋىتىگە توسقۇنلۇق قىلىنسا ئاندىن ئۆزىنى ۋە دەۋەت ئەركىنلىكىنى قوغداش ئۈچۈن جىھاد قىلىش پەرز بولىدۇ، يۇقىرىقىلاردىن بىرەرسى بولمىسا كافىرلارغا سەۋەبسىز ھۇجۇم قىلىشقا بولمايدۇ، ئىسلامنىڭ تەبىئىتىمۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قىلغان غازاتلىرىنىڭ ھەممىسى شۇنداق بولغان، دەپ قارايدۇ. بۇ خىل جىھادنى فۇقاھائلار «مۇداپىئە خاراكتېرلىك جىھاد» دەپ ئاتايدۇ. يەنە بىر قىسىم ئالىملار: مۇسۇلمان بولمىغانلار بىلەن ئەسلىدە ئۇرۇشۇش ئاساس. ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇشنىڭ سەۋەبىمۇ ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا تاجاۋۇزچىلىق قىلىشى ياكى ئىسلام دەۋىتىگە توسفۇنلۇق قىلىشىلا ئەمەس. بەلكى ئۇلاردىكى كۇفۇرلۇق. چۈنكى، كۇفۇرلۇقنىڭ ۋە شىركنىڭ تەبىئىتى زىيانكەشلىك قىلىشنى، تاجاۋۇزچىلىقنى بىللە ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ خىل جىھادنى فۇقاھائلار «ھۇجۇم خاراكتېرلىك جىھاد» دەپ ئاتايدۇ. قاراڭ: يۈسۈف قەرەداۋىي: «فىقھۇلجىھاد»، 274 – بەت.
20. ئەبۇ داۋۇد (4291)؛ تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، (1118). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەتى.

Please follow and like us: