بۇ مەزھەبنىڭ قۇرغۇچىسى ھ. 1152/م. 1820 – يىلى ئەتراپىدا ئىراندا تۇغۇلغان. ئىسمى مىرزا ئەلى مۇھەممەد شىرازىي بولۇپ، ئون ئىككى ئىمام مەزھەبىدە ئىدى. لېكىن، ئۇ شۇ مەزھەبنىڭ چەكلىرىدىن ھالقىپ، ئۇ مەزھەبنى ئىسمائىلىي مەزھەبىدىكى ئازغۇن قاراشلار بىلەن ۋە سەبەئىيلەرنىڭ «ئاللاھنىڭ بەزى مەخلۇقاتقا چۈشۈپ، ئۇنىڭ بىلەن بىر گەۋدە بولۇشى» پىكرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئىسلام ئەقىدىسىدىن يىراق ئەبجەش بىرنەرسىنى مەيدانغا كەلتۈردى.
شۇنىسى ئايدىڭكى، ئون ئىككى ئىمام مەزھەبىدە «يوشۇرۇنغان ئىمام» دەپ بىر پىكىر بار. (ئۇلارنىڭ قارىشىچە) ئون ئىككىنچى ئىمام «سررۇ مەن رەئا» دەيدىغان يەردە غايىب بولغان. ئۇلار ئۇنىڭ كېلىشىنى كۈتىدۇ. مىرزا ئەلى مۇھەممەد ئون ئىككى ئىمامچىلارنىڭ ھەممىسى ئېتىقاد قىلغاندەك، دەسلەپتە مۇشۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى. ئىران ئەھلىنىڭ كۆپىنچىسى ئون ئىككى ئىمامچىلار بولۇپ، بۇ ياش ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۆستى ۋە ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى، مەزھەبكە بولغان قىزغىنلىقىنى نامايەن قىلىپ، كىشىلەرنىڭ نەزەرلىرىنى ئۆزىگە تارتتى. ئۇ پىسخىكىلىق تەتقىقاتلارغا ۋە پەلسەپەۋى ئويلارغا بېرىلگەن ئىدى. نەتىجىدە باشقىلارنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى بىلەن ئۆزىنىڭ ئاشۇ يوشۇرۇنغان ئىمامنىڭ ئىلمى بىلەن سۆزلەيدىغان بىردىنبىر كىشى ئىكەنلىكى ۋە ئۆزىنىڭ يوشۇرۇنغان ئىمامغا يېتىشنىڭ ئىشىكى ئىكەنلىكى پىكرى بىلەن كىشىلەرنىڭ ئالدىغا چىقتى. چۈنكى، مەزھەبكە كۆرە، بۇ يوشۇرۇنغان ئىمامنىڭ ئۆزىنىڭ ئالدىنقىلىرىدىن ئالغان ۋەسىيلىك تەقەززاسى بىلەن، ئون ئىككى ئىمام مەزھەبىنىڭ باشقا ئىماملىرىغا ئوخشاش ئۇنىڭغا يېتەكچى بىر ئىلىم ئاتا قىلىنغان؛ بۇ ئىلىم ھىدايەت ۋە مەرىپەتنىڭ مەنبەسى ئىدى.
ئۇنىڭغا نۇرانىي ئىمامنىڭ ئىلمى ئاتا قىلىنغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ پەرەز بىلەن، ئۇ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ نەزەرىدە تامامەن بىر ئىمام كەبى، سۆزلىرى قارشىلىقسىز قوبۇل قىلىنىدىغان ھۆججەتكە ئايلاندى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەگەشكۈچىلىرىدىن مۇتلەق ئىتائەتنى ۋە ھەرقانداق گېپىنىڭ قوبۇللۇقىنى كۆردى.
شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ، ئۆزىنىڭ ئىمامنىڭ ئىلمىنى نەقىل قىلىدىغانلىقى پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ئۆزىنىڭ ھ. 260 – يىلى غايىب بولغان ئىمامنىڭ غايىبلىقىدىن مىڭ يىل كېيىن ئوتتۇرىغا چىقىدىغان «مەھدىي مۇنتەزەر» ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلدى ھەم يەنە ئۆزىگە ئاللاھنىڭ چۈشىدىغانلىقى ۋە ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرىغا ئۆزى ئارقىلىق زاھىر بولىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئاخىر زاماندا مۇسا ۋە ئىيسانىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنىڭ يولى ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلدى. دېمەك، ئۇ ئومۇمىي ئېتىقاد بولغان ئىيسانىڭ قايتىپ كېلىدىغانلىقى بىلەن بولدى قىلماي، ئۇنىڭغا مۇسانىمۇ قوشتى ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ قايتا كېلىش يولىنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ئۇ مەزكۇر ئىشلارنى دەۋا قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ شەخسىيىتىگە قىزىققانلىقى ئۈچۈن نېمە دېسە ئىشىنىدىغان بىر تۈركۈم كىشىلەرنى تاپتى، لېكىن ئىمامچى بولسۇن ياكى باشقىسى بولسۇن، پۈتۈن دىن ئالىملىرى ئۇنىڭغا قارشى چىقتى. چۈنكى، ئۇنىڭ دەۋا قىلغانلىرى ئىسلام ھەقىقەتلىرىگە ۋە «قۇرئان كەرىم» ئېلىپ كەلگەن ئەقىدىلەرگە تامامەن زىت ئىدى. ئۇ ئالىملارنىڭ قارشىلىقىغا پەرۋا قىلمىدى، بەلكى كىشىلەرنى ئۇلاردىن ئۈركۈتۈشكە ۋە ئۇلارنى مۇناپىقلىق، دۇنياپەرەسلىك بىلەن ۋە ھوقۇقدارلارغا ياغلىمىچىلىق قىلىش بىلەن قارىلىدى. ئاندىن ئۆزىنىڭ ھەربىر دېگەن سۆزىگە شەرتسىز قۇلاق سالىدىغان كىشىلەرنى تاپتى. ئۇلار ئۇنىڭغا ھېچبىر دەلىلسىز، پاكىتسىز ئەگەشكەن ئىدى.
[264] ئۇ دەۋا قىلىدىغانلىرىنى دەۋا قىلغاندىن كېيىن، بىر قىسىم ئېتىقادىي ئىشلارنى ۋە يەنە بىر قىسىم ئەمەلىي ئىشلارنى ئېلان قىلىشقا باشلىدى.1. ئېتىقادىي ئىشلاردىن: ئۇنىڭ ئاخىرەت كۈنىگە، مۇئمىن مۇكاپاتلىنىدىغان جەننەتنىڭ بارلىقىغا ۋە كافىر جازالىنىدىغان دوزاخنىڭ بارلىقىغا، ھېسابنىڭ بارلىقىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىدۇر. ئۇ «ئاللاھنىڭ ئالدىغا بېرىش ۋە ئاخىرەت كۈنى» دېگەنلەرنى «يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان روھىي ھاياتلىقنىڭ سىمۋوللىرى» دەپ تونۇيدۇ.
2. ئۇ چاقىرغان ئېتىقادىي ئىشلاردىن: ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەقىقىي ۋەكىلى ئىكەنلىكى، بارلىق ئىلاھىي دىنلارنىڭ ئۆزىگە جەملەنگەنلىكى، شۇنىڭ ئۈچۈن بارلىق دىنلارنىڭ ئەھلىنىڭ ئۆزىدە جەم بولىدىغانلىقى، بابىيلىك (مۇشۇ دەۋەتنىڭ يەنە بىر ئاتىلىشى) تە يەھۇدىيلىق، خرىستىئانلىق، مۇسۇلمانلىقلارنىڭ جەم بولىدىغانلىقى، ئۇلار ئوتتۇرىسىدا پەرق يوقلۇقى قاتارلىقلار.
3. ئاللاھنىڭ چۈشۈپ ئۆزى بىلەن بىر گەۋدە بولغانلىقىغا ئېتىقاد قىلىش.
4. مۇھەممەدنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئاخىرقى پەيغەمبەرلىك دەپ قارىمايدىغانلىقى. ئۇ ئاللاھنىڭ چۈشۈپ ئۆزى بىلەن بىر گەۋدە بولغانلىقىنى، ئۆزىدىن كېيىنكىلەرگىمۇ چۈشىدىغانلىقى ۋە ئىلاھنىڭ چۈشۈشىنى ئۆزىگە مونوپول قىلىۋالمىغانلىقىنى جاكارلىغان.
5. ئۇ ھەرپلەرنى تىزىۋېلىپ، ھەربىر ھەرپكە رەقەم بېكىتەتتى ۋە ھەرپلەرنىڭ جىمى رەقەملىرىگە ئاساسەن يوچۇن گەپلەرنى دەيتتى. ئۇنىڭ نەزەرىدە رەقەملەرنىڭ تەسىرى بار ئىدى، بولۇپمۇ 19 رەقەمىنىڭ ئالاھىدە يۇقىرى ئورنى بار ئىدى.
ئۇ ئىسلام ئەھكاملىرىنى ۋە پەرزلەرنى ئۆزگەرتىپ ۋە ئالماشتۇرۇپ، بىر قىسىم ئەمەلىي (ئەمەلگە ئائىت) ئىشلارنى دەۋا قىلدى. شۇلاردىن:
1) ئۇ خوتۇن كىشىنى مىراس ۋە باشقا ئىشلاردا تامامەن ئەر كىشىنىڭ دەرىجىسىدە قىلدى. بۇ ئارقىلىق ئۇ ئىنكار قىلسا كافىر بولىدىغان ئوپئوچۇق «قۇرئان» ئەھكاملىرىنىڭ بەزىسىنى ئىنكار قىلدى.
2) ئۇ ئىنسانلارئارا مۇتلەق باراۋەرلىككە، بۇ جەھەتتە جىنس، دىن ۋە رەڭ پەرقى يوقلۇقىغا چاقىردى. بۇ ئومۇمەن ئىسلام ھەقىقەتلىرى بىلەن ئۇيغۇنلىشىدۇ.
[265] ئۇ بۇ قاراشلارنى بىر كىتاب قىلىپ يېزىپ، كىتابنى «ئەلبايان» دەپ ئاتىدى.بۇ قاراشلار كۆرگىنىڭىزدەك ئومۇمەن ئىسلامدىن چەتنەشتۇر، بەلكى ئىسلامنىڭ ھەقىقەتلىرىنى ئىنكار قىلىشتۇر ۋە ئابدۇللاھ ئىبنى سەبەئنىڭ ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب ھەققىدە دەۋا قىلغان «ئاللاھنىڭ ئەلىگە چۈشىدىغانلىقى» پىكرىنى تىرىلدۈرۈشتۇر، بۇ ئوچۇق كافىرلىقتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، دۆلەت ئۇلارغا قارشى مەيدانغا چۈشۈپ، مىرزا ئەلى ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى ئىز قوغلاپ جازالىدى. مىلادىيە 1850 – يىلى دەۋەتنىڭ باشچىسىنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلدى.
لېكىن، ئۇ مۇرىتلىرىدىن ئىككى ئادەمنى ئارقىسىدا قالدۇرۇپ ئۆلدى. ئۇلارنىڭ بىرى سۈبھى ئەزەل، يەنە بىرى بەھائۇللاھ. ئىككىلىسى ئىراندىن سۈرگۈن قىلىنىپ، بىرى قىبرىسنى ماكان تۇتتى، ئىككىنچىسى ئەدىرنەنى ماكان تۇتتى. بىرىنچىسىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ سانى ئاز ئىدى، ئىككىنچىسىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بۇ مەزھەبتە كۆپ ئىدى. شۇنىڭ بىلەن مەزھەب ئۇنىڭغا نىسبەت بېرىلىپ، «بەھائىيلىق» دېيىلدى. گاھىدا مەزھەب ئەسلىگە نىسبەت بېرىلىپ، «بابىيلىك»مۇ دېيىلىدۇ. «بابىيلىك» مۇشۇ دەۋەتنىڭ باشچىسى تاللىغان ئىسىمدۇر. بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ بار بولۇپ، بىرىنچىسى يەنى سۈبھى ئەزەل بابىلىكنىڭ ئۇنىڭ ئاساسچىسى بولغان مىرزا ئەلى قانداق قالدۇرۇپ كەتكەن بولسا شۇ پېتى داۋاملىشىشىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئۇنىڭغا دەۋەت قىلىش بىلەن كۇپايىلىنىشىنى خاھلىدى. ئىككىنچىسى بولسا مىرزا ئەلى ئۆزى ھەققىدە نېمىلەرنى دەۋا قىلغان بولسا، ئۇمۇ ئۆزى ھەققىدە شۇنى، بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك نەرسىنى دەۋا قىلدى ۋە ئىلاھنىڭ ئۆزىنىڭ ۋۇجۇدىغا چۈشكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ ئىلاھنىڭ كامىل كۆرۈنۈشى ئىكەنلىكى، ئۇستازىنىڭ ئۆزى توغرۇلۇق بېشارەت بەرگەنلىكىنى، خۇددى ناسارالارنىڭ قارىشىدا يەھيانىڭ مەۋجۇدلۇقى مەسىھنىڭ مەۋجۇدلۇقى ئۈچۈن مۇقەددىمە بولغاندەك، مىرزا ئەلىنىڭ مەۋجۇدلۇقى ئۆزىنىڭ مەۋجۇدلۇقى ئۈچۈن مۇقەددىمە بولغانلىقىنى ئېيتتى. (ئاتاقلىق شەرقشۇناس ئىزاق يەھۇدا) گولدزىھېر (Ignác (Yitzhaq Yehuda) Goldziher، م. 1850 – 1921) «ئىسلامدا ئەقىدە ۋە شەرىئەت» دېگەن كىتابىدا دەيدۇكى: «بەھائنىڭ ئۆزىدىن بۇرۇن ئەۋەتىلگەن دەۋەتچى باشلىغان ئىشنى ئەڭ كامىل رەۋىشتە ئورۇندىشى ئۈچۈن، ئىلاھىي روھ بەھائنىڭ زاتىدا زاھىر بولدى. دېمەك، بەھائۇللاھ (ئاللاھنىڭ جامالى) باب (ئىشىك يەنى ئاللاھقا يېتىش ئىشىكى) تىن كاتتىراقتۇر. چۈنكى، باب مەۋجۇد بولغۇچىدۇر، بەھاﺋ ھەمىشە باقىي بولغۇچىدۇر. بەھاﺋ ئۆزىنىڭ ۋۇجۇدىدا ئىلاھىي زاتنىڭ جامالى جۇلالايدىغان، ئاللاھنىڭ ھۆسنلىرىنى خۇددى ئەينەكنىڭ يۈزىدەك ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان ›ئاللاھنىڭ يۈزى‹ ياكى ›ئاللاھنىڭ جامالى‹ دېگەن ئىسىم بىلەن ئاتىلىشنى ئارتۇق كۆردى. ئۇ خۇددى پارقىراق ئېسىل تاش چاقنىغان كەبى ئاسمان – زېمىن ئارىسىدا لاۋۇلداپ چاقنىغان ئاللاھنىڭ جامالىدۇر. بەھائۇللاھ جەۋھەردىن كېلىپ چىققان سۈرەتتۇر. بۇ جەۋھەرنى تونۇش پەقەت ئۇ ئارقىلىق ھاسىل بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئۇنىڭدىن ئۇنىڭ ئىنساندىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى كۆردى ۋە ئۇنىڭغا كۆپلىگەن ئىلاھىي سۈپەتلەرنى قوشتى»(1).
[266] بۇ مەپتۇنلارنىڭ ئەگىشىش ئاساسى شەخسلەرگە ئىبادەت قىلىش بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ تولىسى بۇ بەھائغا ئەگىشىشنى تاللىدى. بەھاﺋ بىلەن سۈبھى ئەزەل ئوتتۇرىسىدا تالاش – تارتىش كۈچەيدى، ھالبۇكى ئىككىسى يېقىن ئىدى. بىرسى ئەدىرنەدە، يەنە بىرسى قىبرىستا ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئوسمانىيلار دۆلىتى بەھائنى ئەككاغا سۈرگۈن قىلدى.ئەككادا ئۇ ئاللاھقا شىرك كەلتۈرىدىغان مەزھەبىنى توپلاپ يېزىشقا باشلىدى، «قۇرئان كەرىم»گە قارشى چىقتى ھەمدە ئۇستازى تۈزگەن «ئەلبايان»غىمۇ قارشى چىقتى. ئۇ ئەرەبچە ۋە پارسچە كىتابلارنى يېزىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ يازغان ئەڭ مەشھۇر كىتابى «ئەلكىتابۇلئەقدەس (الكتاب الأقدس)»تۇر. ئۇ مەزكۇر كىتابتىكى بارلىق مەزمۇنلارنىڭ ۋەھيى ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ يۈكسەك زاتنىڭ ئەزەلىيلىكى بىلەن ئەزەلىي ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلدى ۋە پۈتۈن كىتابلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ بارلىق ئىلاھىي ئىلمىگە ۋەكىللىك قىلمايدىغانلىقى، بەلكى ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى شاگىرتلارغا ساقلاپ قويغانلىرى بارلىقى، چۈنكى ئۇلاردىن باشقىلارنىڭ بۇ باتىنىي ئىلىملەرنى كۆتۈرەلمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئۇ ئۆزىنىڭ دەۋەت قىلغان دىنىنىڭ يېڭى دىن ئىكەنلىكىنى، ئىسلام دىنى ئەمەسلىكىنى ئېيتتى. بۇ يەردە ئۇ ئۇستازىدىن پەرقلىنىدۇ، ئۇستازى ئۆزى ئويدۇرۇپ چىققان ئەپكارلار بىلەن ئىسلامنى يېڭىلاۋاتقانلىقىنى، ئىسلامدىن چىقمىغانلىقىنى، بەلكى ئىسلام ئۆز ئىچىگە ئالغان نەرسىلەرنى ئىسلاھ قىلغانلىقىنى دەۋا قىلاتتى ۋە ئۇنىڭ نەزەرىدە ئىسلام يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان دىن ئىدى. شاگىرتى بولسا ئۇستازىغا قارىغاندا سەل ئىنساپ قىلدى. چۈنكى، ئۇ ئۆزى دەۋەت قىلغان نەرسسىنىڭ يېڭى دىن ئىكەنلىكى، ئىسلام ئەمەسلىكىنى جاكارلىدى. بۇ ئارقىلىق ئىسلام ئۇنىڭ سۆزلىرىنىڭ كىرىدىن پاك قالدى. ئۇ ئۆزىنىڭ دىنىنىڭ بارلىق دىنلارنى، بارلىق جىنسلارنى جۇغلىغان ئالەمشۇمۇل دىن ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ دىنىنىڭ رايون تەۋەلىكى ۋە ۋەتەن تەۋەلىكى دەيدىغان نەرسىلەرنى ئۆچۈرۈشكە چاقىرىدىغانلىقى، چۈنكى زېمىننىڭ ھەممەيلەنگە مەنسۇپ ۋە ھەممەيلەننىڭ ۋەتىنى ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلدى.
ئۇ ئەقىدىسىنىڭ ئالەمشۇمۇللۇقىنى دەۋا قىلغانلىقى ۋە ئۆزىنى ئىلاھنىڭ يۈزى قىلىۋالغانلىقى ئۈچۈن، زېمىننىڭ شەرق ۋە غەربلىرىدىكى ھۆكۈمرانلارغا مەكتۇبلىرىنى يوللىدى. ئۇ بۇ خەتلەردە ئىلاھنىڭ چۈشۈپ، ئۆزى بىلەن بىر گەۋدە بولغانلىقىنى دەۋا قىلدى. ئۇ يازغان نەرسىلەرنى خۇددى «قۇرئان كەرىم»نىڭ پارچىلىرى «سۈرىلەر» دەپ ئاتالغاندەك سۈرىلەر دەپ ئاتايتتى، شۇنداقلا ئۇ غەيبنى بىلىدىغانلىقىنى دەۋا قىلدى ۋە كەلگۈسىدە بولىدىغان غەيبىي ئىشلارنى جاكارلايتتى. تاسادىپەن ئۇنىڭ بەزى دېگەنلىرى توغرا چىقتى. ئۇ: «ناپولېئون ئۈچىنچىنىڭ ھۆكۈمىتى تۆت يىلدىن كېيىن يىقىلىدۇ» دېۋىدى، تۆت يىلدىن كېيىن يىقىلدى. بۇ ئىش ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ مۇبالىغىلەشتۈرۈشى سەۋەبى بىلەن كۆپ ئادەمنىڭ ئۇنىڭغا ئىشىنىپ كېتىشىگە تۈرتكە بولدى، ھالبۇكى ئۇ يىقىلىش ۋاقتىنى مۇئەييەنلەشتۈرمىگەن. مادامىكى ۋاقىتنى مۇئەييەنلەشتۈرمىگەن ئىكەن، بۇ ئۇنىڭ پاراسىتىدىن بولۇشى مۇمكىن.
ئۇنىڭ دېگەن بېشارەتلىرىنىڭ ھەممىسى راست چىقتىمۇ؟ بۇنى ئۇنىڭ ئەڭ قاتتىق ئەگەشكۈچىلىرىگە قەدەر ھېچكىم دەۋا قىلغان ئەمەس.
ئۇ ئەگەشكۈچىلىرىنى دەۋەتنىڭ كەڭ يېيىلىشى ئۈچۈن، يات تىللارنى ئۆگىنىشكە رىغبەتلەندۈرگەن.
بەھائنىڭ چاقىرغان ئاساسلىق ئىشلىرى
[267] 1. ئۇ پۈتۈن ئىسلامىي بەلگىلىمىلەرنى چۆرۈپ تاشلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ مەزھەبى ئىسلام بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق مەزھەبكە ئايلاندى. يۇقىرىدا كۆرسەتكىنىمىزدەك، بۇ ئارقىلىق ئۇ ئۇستازى مىرزا ئەلىدىن پەرقلىنىدۇ. چۈنكى، ئۇ «شەرىئەتنىڭ دەۋرى تۈگىدى» دەپ قارىدى.2. ئۇ رەڭگى، دىنى، جىنسى نېمە بولسۇن ئىنسانلارئارا باراۋەرلىكنى تەلىماتلىرىنىڭ جەۋھىرى قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ باراۋەرلىك ئۇنىڭ تەشۋىقاتىنىڭ ئاساسى بولدى. شەكسىزكى، ئىرقىي ئايرىمىچىلىق، تەبىقىۋازلىق ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك ئەۋج ئالغان بىر دۇنيادا بۇ گەپ كىشىلەرنىڭ نەزەرىنى ئۆزىگە تارتقانىدى.
3. ئۇ ئائىلە نىزامى بىلەنمۇ ھەپىلىشىپ، بۇ ھەقتىكى ئىسلامنىڭ ئۆزگەرمەس ھۆكۈملىرىگە قارشى چىقتى. ئالاھىدە ئەھۋالدىن باشقىدا كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشنى مەنئى قىلدى، بۇ ئالاھىدە ئەھۋالدىمۇ ئىككىدىن ئارتۇقنى ئېلىشنى مۇباھ قىلمىدى. ئەر – خوتۇننىڭ ئۆزئارا ياشىشى مۇمكىن بولمىغۇدەك زۆرۈر ھالەتتىن باشقىدا تالاقنى مەنئى قىلدى ۋە تالاق قىلىنغان خوتۇنغا ئىددەت بەلگىلىمىدى، بەلكى تالاقتىن كېيىنلا ئەرگە تەگسە بولىدىغان قىلدى.
4. جىنازا نامىزىدىن باشقىسىدا جامائەت نامىزىنى مۇتلەق ئەمەلدىن قالدۇردى. ئۇنىڭ مەزھەبىدە ناماز پەقەت يەككە ھالەتتە ئوقۇلىدۇ.
5. ئۇ ئەگەشكۈچىلىرى ئۈچۈن تاللىغان قىبلە كەئبە ئەمەس، بەلكى ئۇ تۇرۇۋاتقان جايدۇر. چۈنكى، ئىلاھ چۈشۈپ ئۇنىڭ بىلەن بىر گەۋدە بولغان ئىكەن، دېمەك ئىلاھ چۈشكەن جاي قىبلىدۇر. قاچانكى ئۇ ئورنىنى ئۆزگەرتسە، بەھائىيلەرمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ قىبلىسىنى ئۆزگەرتىدۇ.
6. ئۇلار ئىسلام ئېلىپ كەلگەن جىسمانىي ۋە مەنىۋى تاھارەتنى ساقلاپ قېلىپ، ناماز تاھارىتىنى ۋە جۇنۇبلۇق غۇسۇلىنى ئۆز پېتى قالدۇردى.
7. ئۇ سودا – سېتىق، يېمەك – ئىچمەك ۋە ئۇنىڭدىن باشقىلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىسلامنىڭ ھالال – ھارام ئەھكاملىرىنى بىكار قىلدى ۋە ھۆكۈم ئىشىدا ئىسلام شەرىئىتىنىڭ ئورنىغا ئەقىلنى قويدى.
ئەگەر ئۇ ھەقنى چۈشەنسە ئىدى، ئىسلام ھالال قىلغان ھەممە نەرسىنى ئەقىلمۇ ھالال سانايدىغانلىقى، ئىسلام ھارام قىلغان ھەممە نەرسىنى ئەقىلمۇ ھارام سانايدىغانلىقىنى بىلەتتى ۋە ئەئرابىينىڭ مۇنۇ سۆزىنى ئىدراك قىلغان بولاتتى. ئەئرابىيغا: «نېمە ئۈچۈن مۇھەممەدكە ئىمان ئېيتتىڭ؟» دېيىلىۋېدى، ئۇ: «مۇھەممەد بىر ئىشنى ›قىل‹ دېگەن بولسا، ئەقىلنىڭ ›قىلما‹ دېگەنلىكىنى كۆرمىدىم. مۇھەممەد بىر ئىشنى ›قىلما‹ دېگەن بولسا، ئەقىلنىڭ ›قىل‹ دېگەنلىكىنى كۆرمىدىم» دېدى. لېكىن، بەھائنىڭ مەقسىتى (دىننى، ئەقىلنى ۋە ھەر نەرسىنى) ئۆرۈشتۇر.
8. بەھائۇللاھ ۋە ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇستازى ئىنسانلارئارا مۇتلەق باراۋەرلىككە چاقىرغان تۇرۇقلۇق، ئۇ دېموكراتىيەنى ئېتىراپ قىلمايدۇ، شۇڭا ئۇ پادىشاھنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى مۇباھ قىلمايدۇ، بۇ ئۇنىڭ مەزھەبىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق قارىسا كېرەك. چۈنكى، ئۇنىڭ مەزھەبى ئىلاھنىڭ شەخسلەرنىڭ ۋۇجۇدىغا چۈشىدىغانلىقىنى ئاساس قىلىدۇ، ئۆزىگىمۇ چۈشكەنلىكىنى دەۋا قىلدى. دېمەك، ئۇنىڭ شەخسلەرگە مۇقەددەسلىك ھوقۇقى بېرىشى ئېنىق، گەرچە ئۇلارغا ئىلاھ چۈشمىسىمۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ پادىشاھلارنىڭ ھوقۇقىنى تېگىشكە بولمايدىغان مۇقەددەس ھوقۇق دەپ ياكى مۇقەددەسلىككە يېقىن دەپ پەرەز قىلىشى ئۇنىڭ مەنتىقىسىگە ئۇيغۇن كېلەتتى.
ئۇ مۇقەددەس بولغىلى تاس قالغان شۇ ھوقۇقنى پادىشاھلاردا پەرەز قىلىپ تۇرۇپ، دىن ئالىملىرىنىڭ كۆڭۈللەر ئۈستىدىن ھەرقانداق بىر ھوقۇقى بولۇشىنى ئىنكار قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۇستازى ئۆزىگە ئۆكتە قوپقان ۋە سۆزىنى باتىلغا چىقارغان دىن ئالىملىرىغا قارشى تۇرغان بولسا، ئۇ ئىسلام ياكى يەنە بىرى دەپ ئايرىماستىن بارلىق ئىلاھىيەتچىلىككە قارشى تۇردى. چۈنكى، ئۇنىڭ دەۋىتى «ئومۇميۈزلۈك» ئىدى، شۇڭا ئۇ يەھۇدىيلىققىمۇ، ناسارالىققىمۇ قارشى تۇردى.
[268] بەھائۇللاھنىڭ دەۋرى ئۇنىڭ 1892 – يىلى 16 – مايدا ئۆلۈشى بىلەن ئاياغلاشتى. ئۇ ئۆزىدىن كېيىن مەزھەبىگە يېتەكچىلىك قىلىشقا «بەھائنىڭ بەندىسى» ياكى «ئۇلۇغ شاخ» دەپ ئاتىلىدىغان ئوغلى ئابباس ئەپەندىنى قالدۇرۇپ قويدى. ئۇلارنىڭ ئۇنىڭ دادىسىغا بولغان سادىقلىقىدىن ھېچكىم ئۇنىڭ ئىزباسارلىقىغا ئېتىراز بىلدۈرمىدى. بۇ ئابباس ياۋروپا مەدەنىيىتى ۋە ئەرەب مەدەنىيىتىنى پىششىق بىلەتتى، شۇڭا ئۇ دادىسىنىڭ تەلىماتلىرىنى غەرب ئەقلىيىتىگە يېقىن قىلىپ ئۆزگەرتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ تەلىماتلاردىن ئىلاھنىڭ چۈشۈشى پىكرىنى يىراق قىلدى ۋە دادىسى دەۋا قىلغاندەك، ئۆزىنىڭ قولىدا ئادەتتىن تاشقىرى ئىشلارنىڭ جارى بولىدىغانلىقىنى دەۋا قىلمىدى. ئۇ غەرب مەدەنىيىتىگە ناھايىتى مايىل بولغاچقا، يەھۇدىي ۋە ناسارالارنىڭ كىتابلىرىنى تەتقىق قىلىشقا يۈزلەندى. بۇ مەزھەبنىڭ بىرىنچى كاتتىۋېشى «ئىسلامنى يېڭىلاش» نامى بىلەن ئىسلامنىڭ تەلىماتلىرىنى ئۆرۈپ تاشلاشقا قەدەم ئالغان بولسا، ئۇنىڭدىن كېيىنكىسى ئىسلامنىڭ پۈتۈن تەلىماتلىرىنى ئىنكار قىلىش ۋە چۆرۈش بىلەن ئالدىنقىسى باشلىغان ئىشنى تاماملىدى. ئەمدى بۇ ئىككىسىدىن كېيىنكى كەلگىنى ئۈچىنچى بىر قەدەمنى ئالدى. ئۇ ئىسلامنى چۆرۈپ تاشلاش بىلەن بولدى قىلماستىن، «قۇرئان كەرىم»دىن پايدىلىنىشنىڭ ئورنىغا يەھۇدىي ۋە ناسارالارنىڭ كىتابلىرىدىن پايدىلىنىشقا يۈزلەندى. [269] شۇ جەھەتتىن، بەھائىيلىق تەشۋىقاتى ناسارالار، يەھۇدىيلەر ۋە مەجۇسىيلار ئارىسىغا كېڭەيدى ۋە بۇ دىنلارنىڭ چوقۇنغۇچىلىرىدىن مۇرىتلار كۆپەيدى. ئابباس ۋە ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇنىڭ دادىسى كۆپلىگەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزلىرىگە ئەگىشىشىدىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكى ئۈچۈن، يۈزىنى باشقا دىنلارنىڭ ئەھلىلىرىگە قاراتقانىدى. شۇڭا، ئىران ۋە ئۇنىڭغا يېقىن ئەللەردىكى ناسارالار، يەھۇدىيلەر ۋە مەجۇسىيلار ئارىسىدا بۇ مەزھەبنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى كۆپەيدى. بۇلارنىڭ بەزىلىرى يىغىلىشلىرىنى ئۆتكۈزىدىغانغا تۈركىستاندا ئۆزلىرىگە بىنا سالغان ئىدى. بۇ مەزھەبنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى يەنە ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىمۇ كۆپەيدى. «ئىسلامدا ئەقىدە ۋە شەرىئەت» دېگەن كىتابنىڭ مۇئەللىفى (گولدزىھېر) ئېيتىدۇ: «ئۇلارنىڭ دېگىنىدەك، ئەككا پەيغەمبىرى — يەنى بەھائۇللاھ — ئامېرىكا ۋە ياۋروپادا، ھەتتا خرىستىئانلار ئارىسىدىمۇ ئۆزىنىڭ دىنىنى قىزغىنلىق بىلەن قوبۇل قىلىدىغانلارنى تاپتى. بەھائىيلەرنىڭ تارقاتقان ئەدەبىي تەشۋىقاتلىرى بەھائىيلىقنىڭ يىلتىز تارتىشىغا ياردەم بەردى. بەھائىيلەرنىڭ يىلدا 19 سان چىقىدىغان ›غەرب يۇلتۇزى star of the west› ژۇرنىلى بار ئىدى. بۇ ژۇرنال 1910 – يىلى تەسىس قىلىنغان»(2). ژۇرنالنىڭ سانى 19 سان قىلىنغان. چۈنكى، ئۇلار — مىرزا ئەلىنىڭ مەزھەبى ھەققىدە بايان قىلغىنىمىزدەك — 19 دېگەن ساننى قاتتىق تەسىرى بار سان دەپ ئېتىقاد قىلاتتى.«ئىسلامدا ئەقىدە ۋە شەرىئەت» ناملىق كىتابنىڭ مۇئەللىفى يەنە ئېيتىدۇ: «بەھائىيلىق ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىدا كەڭرى تارالدى ۋە چىكاگونى ئۆزىنىڭ مەركىزى قىلدى»(3).
ئۇلار خرىستىئانلار ئارىسىدا ئۆز دىنلىرىغا دەۋەت قىلىشنى چوڭقۇرلاتتى ۋە «قەدىم ئەھد»(4)، «يېڭى ئەھد»(5)لەرنىڭ بەھاﺋ ۋە ئۇنىڭ ئوغلىدىن بېشارەت بەرگەنلىكىنى دەۋا قىلدى. بۇ توغرىدا گولدزىھېر مۇنداق دەيدۇ: «ئابباس ئەپەندىنىڭ مەيدانغا كېلىشى بىلەن بەھائىيلىق تەۋرات ۋە ئىنجىلدىن پايدىلىنىپ، يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىدى. تەۋرات ۋە ئىنجىل كىتابلىرى ئابباسنىڭ مەيدانغا كېلىدىغانلىقىدىن ئالدىن بېشارەت بەرگەن. ‹يەشايا› پارىسى 9 – باب 6 – سانىدا سۆزلەنگەن رىياسەت ۋە ئاجايىپ پەخىرلىك لەقەملەر بىلەن مەقسەت قىلىنغان ئادەم ئۇدۇر: ›بىز ئۈچۈن بىر بالا تۇغۇلىدۇ، بىزگە بىر ئوغۇل پەرزەنت ئاتا قىلىنىدۇ، ھاكىمىيەت ئۇنىڭ زىممىسىدە بولىدۇ، ئۇنىڭ نامى ئەجىب، كۆرسەتكۈچى، قۇدرەتلىك خۇدا، مەڭگۈلۈك ئاتا، تىنچلىق رەئىسى دەپ ئاتىلىدۇ‹»(6).
[270] مانا بۇ ئۇلارنىڭ بايان قىلغىنىدەك ۋە ئېلان قىلغىنىدەك بەھائىيلىقتۇر. بىز ئۇنى ھېچنەرسە قوشماستىن ۋە بۇرمىلىماستىن ئۆز ماھىيىتى بويىچە سۈرەتلىگەن بولۇشىمىزنى ئۈمىد قىلىمىز. چۈنكى، بىزنىڭ قارىشىمىز مەزھەبنى شۇنىڭ ئەھلى ياكى ئۇنىڭ قىزىققۇچىلىرى تەسەۋۋۇر قىلغاندەك يېزىپ چىقىشتۇر. ياۋروپالىقلار ئۇ مەزھەبكە قاتتىق قىزىققان ئىدى. چۈنكى، ئۇ مەزھەب ئىسلام دىنىنى ئۆرۈپ تاشلايتتى.بۇ مەزھەب كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك، قۇرۇق جۆيلۈشلەردىن ئىبارەتتۇر، لېكىن ئۇ ئامېرىكىلىقلار ۋە ياۋروپالىقلار ئارىسىدا بازار تاپتى. مۇسۇلمانلار ئىچىدە ئۆز دىنىدىن چىقىپ ئۇنىڭغا كىرگەنلەر نادىردۇر. شۇنداق تۇرۇپ، ياۋروپالىقلار «مۇسۇلمانلار ئىچىدە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى كۆپ، لېكىن ئۇلار بوزەك قىلىنماسلىقلىرى ئۈچۈن كىشىلەر ئالدىدا مەزھەبىنى ئاشكارىلىمايدۇ» دەپ دەۋا قىلىدۇ. بۇ دەلىلسىز دەۋادۇر. چۈنكى، دىللاردىكىنى بىز بىلمەيمىز، ياۋروپالىقلارغىمۇ مەخپىي ئىلىم بېرىلگەن ئەمەس. بەلكىم ئۇلار بۇنى دېيىش ئارقىلىق قۇرۇق ئارزۇلىرىنى ئىپادىلىگەن بولسا كېرەك. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ئارزۇلىرى ئىسلام ئەقىدىسىنى بەربات قىلىش ۋە مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئىسلام تەلىماتلىرىنى ئۆرۈشتۇر. لېكىن، ئۇلار مەقسەتلىرىگە يېتەلمەيدۇ. چۈنكى، ئىسلام ئاداققىچە داۋاملىشىدىغان ھەقىقەت دىنىدۇر. ئۇلار ئاچچىقلىرىغا بوغۇلۇپ ئۆلسۇن!
[271] بۇ يەردە شۇنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇكى، مىسىر مەمۇرىي سوت مەھكىمىسى «بۇ بەھائىيلىق ساماۋى بىر دىن ئەمەس، بەلكى ھېچقانداق بىر دىنمۇ ئەمەس، پەقەتلا ئىسلامنى ئۆرۈش ۋە مۇسۇلمانلار ئارىسىدا قالايمىقانچىلىق ۋە دىنسىزلىق تارقىتىش مەقسەت قىلىنغان بىر قىسىم قاراشلاردۇر» دەپ قارار چىقارغان. شۇڭا، دۆلەت مەجلىسىنىڭ (بەھائىيلەرنىڭ بىر نەشرىيات قۇرۇش ئۈچۈن ھۆكۈمەتكە سۇنغان بىر تەلىپى، شۇنداقلا) ئۈچ بەھائىينىڭ توي خەتلىرى ئۈچۈن گۇۋاھلىق رەسمىيىتى بېجىرىش توغرىسىدىكى (1959 – يىللىق) بىر ھۆكمىدە مۇنداق دېيىلگەن: «خەيرىيەت جەمئىيەتلىرى ۋە ئىجتىمائىي ئورگانلارغا ئائىت قانۇننىڭ بىرىنچى ماددىسىغا بىنائەن، شۇنداقلا بەھائىي تائىپەسىنىڭ كىتابلىرىدىن ۋە ئىلگىرى دۆلەت مەجلىسىدىكى مەمۇرىي سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىلگىرىكى بىر ھۆكۈمگە قاراپ چىقىشىدىن ئاشكارا بولغىنىدەك، بۇ تائىپىنىڭ ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسلىرىغا ۋە ئەقىدىلىرىگە زىت كېلىدىغان بۇزۇق ئەقىدىلەرنى تارقىتىش، مۇسۇلمانلارنى ئۆزلىرىنىڭ ‹قۇرئان› ئايەتلىرىدىن ۋە پەيغەمبىرىدىن شەكلەندۈرۈشنى نىشان قىلىدىغانلىقى، ھەتتا ئۇ تائىپىنىڭ تەلىماتلىرىنىڭ ساماۋى دىنلارغىمۇ خىلاپ كېلىدىغانلىقى ئايان بولغاندىن كېيىن ھەمدە رەسمىي دىنى ئىسلام بولغان بىر دۆلەتتە بۇ بۇزۇق ئەقىدىلەرنى تارقىتىش ۋە ئۇنىڭ كىتابلىرى، تەلىماتلىرىنى يېيىش جەمئىيەت تىنچلىقىنى بۇزۇپ كۆڭۈللەرنى بىئارام قىلىدىغانلىقى، مەۋجۇد دىنلارغا دەخلى يەتكۈزىدىغانلىقى ۋە ئۇ دىنلارغا ئىشەنگۈچىلەرنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدىغانلىقى ئۈچۈن، شۇنداقلا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ مەزكۇر تائىپىنى دىنىي تائىپە دەپ ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى باياناتىغا بىنائەن… يۇقىرىقى بارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، دۆلەت مەجلىسىدىكى پەتۋا ۋە قانۇن چىقىرىش ھەيئىتى مەزكۇر توي خەتلىرى ئۈچۈن گۇۋاھلىق رەسمىيىتى بېجىرمەسلىكنى، (بەھائىي نەشرىياتىدىن ئىبارەت) بۇ ئورگاننىڭ غەرەزلىرىنىڭ مىسىردىكى مەۋجۇد تۈزۈمگە خىلاپ بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا قانۇنسىزلىق تامغىسى ئۇرۇشنى قارار قىلىدۇ».كۆرۈنۈپ تۇرغىنىدەك، بۇ ھۆكۈمنىڭ چىقىش سەۋەبى شۇكى، بىر ئادۋۇكات دىنلىرىنىڭ بەھائىيلىق دىنى ئىكەنلىكى يېزىلغان بىرقانچە توي خېتىنى گۇۋاھلىقتىن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئورنىغا تەلەپ سۇنغان. مەسئۇل خادىم ئاۋۋال مۇشۇنداق تائىپىنىڭ بار – يوقلۇقى، ئەگەر بار بولۇپ قالسا ئۇلارنىڭ نىكاھ ئىشلىرى ئۈچۈن دۆلەت قانۇنىدا ئېتىراپ قىلىنغان بىرەر تۈزۈمنىڭ بار – يوقلۇقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن، گۇۋاھلىق رەسمىيىتى بېجىرىپ بېرىشكە ئۇنىمىغان. ئاندىن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىمۇ رەت قىلىپ جاۋاب قايتۇرغان. ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئورنى بۇلارنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، بەھائىيلىقنىڭ (سەماۋىي دىنلارنى) بولۇپمۇ ئىسلام دىنىنى ئۆرۈپ تاشلايدىغان بىرنەرسە ئىكەنلىكى، دۆلەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان بىر دىن ئەمەسلىكى، ئۇنىڭ دىن بولۇشقىمۇ يارىمايدىغانلىقى، شۇڭلاشقا جامائەت ھاسىل قىلالمايدىغانلىقىنى خۇلاسىلىگەن. بەھائىيلىقنىڭ ئەگىشىدىغان تائىپىسى بولمىغاندا، گۇۋاھلىق ئورنىنىڭ گۇۋاھلىق رەسمىيىتى بېجىرىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. گۇۋاھلىق ئورنى (مىسىردا) دىنىي جەمئىيەتلىرى يوق تائىپىلەرنىڭ توي خەتلىرى ئۈچۈن گۇۋاھلىق رەسمىيىتى بېجىرىشكە شەرئىي مەھكىمىلەرنىڭ ئىگە ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭدا باشقا ئىدارىلەرنىڭ ھوقۇقى يوقلۇقىنى ئېيتقان.
[272] شۇنىسى رېئاللىقكى، ئىسلام دۈشمەنلىرى پەيدا قىلغان ئەخلاقتىن چىقىش دەۋاسى مەزگىللىرىدە ئىسلام دىيارلىرىدا بەھائىيلىق پائالىيىتى جانلىنىپ، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئارقىسىدا ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئارقىسىدا تېخىمۇ كۈچەيدى. ھازىر بەھائىيلىق بېشىنى كۆتۈرمەكتە، شۇڭا ئۇنىڭ بېشىنى ئۈزۈش كېرەك، ياكى ئۇ تەشۋىقات مەركىزى بولغان چىكاگوغا قايتىشى كېرەك.
ئىسلام مەزھەبلىرى تارىخى/ تاريخ المذاهب الإسلامية؛ ئىمام مۇھەممەد ئەبۇ زەھرە؛ مۇھەممەد قاۋۇل قاراخانىي تەرجىمىسى؛ ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى
1. گولدزىھېر: «ئىسلامدا ئەقىدە ۋە شەرىئەت (Vorlesungen über den Islam / ئىنگىلىزچەسى Introduction to Islamic Theology and Law)»، 274 – بەت، مۇھەممەد يۇسۇف مۇسا، ئەلى ھەسەن ئابدۇلقادىر، ئابدۇلئەزىز ئابدۇلھەق قاتارلىقلار ئەرەبچە تەرجىمىسى، مىللىي تەرجىمە مەركىزى، قاھىرە، م.2013.
2. گولدزىھېر: «ئىسلامدا ئەقىدە ۋە شەرىئەت»، 280 – بەت.
3. گولدزىھېر: يۇقىرىقى مەنبە.
4. «قەدىم ئەھد» (العهد القديم / The Old Testament): خىرىستىئانلاردىكى «مۇقەددەس كىتاب» (The Bible) نىڭ بىرىنچى قىسمى بولۇپ، خىرىستىئانلار يەھۇدىيلەرنىڭ مۇقەددەس كىتابىغا ئىشارە قىلىپ قوللىنىدىغان ئاتالغۇدۇر. «قەدىم ئەھد» مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ «تەكۋىن»، «چىقىش»، «لەۋىيلەر»، «سان» ۋە «تەسنىيە» قاتارلىق بەش كىتابى بولمىش «تەۋرات» بىلەن مۇسا ئەلەيھىسسالامدىن كېيىنكى ۋەقەلىكلەر بايان قىلىنغان پەيغەمبەرلەرنىڭ رىسالەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. (ئادەتتە بۇلارنىڭ ھەممىسىگە «تەۋرات» دېيىش ئومۇملىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، «تەۋرات» بۇنىڭ پەقەت ئۈچتىن بىرىنىلا تەشكىل قىلىدۇ. «قەدىم ئەھد»نىڭ جىمى قىسمى ئىبرانىيچە بولماستىن، بەزى سەھىپىلىرى ئارامىيچەدۇر) قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ»، 1164 – بەت.
5. «يېڭى ئەھد» (العَهدُ الجَدِيد / The New Testament): خىرىستىئانلاردىكى «مۇقەددەس كىتاب» (The Bible) نىڭ ئىككىنچى قىسمى بولۇپ، «مەتتا»، «ماركۇس»، «لۇكا» ۋە «يۇھاننا» ئىنجىللىرىدىن ئىبارەت مەشھۇر تۆت ئىنجىل، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەمەللىرى، پاۋلۇسنىڭ 14 رىسالەسى، پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋە ھەۋارىيلەرنىڭ 7 رىسالەسى ۋە چۈش رىسالەسىدىن ئىبارەت 27 كىتابنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ»، 1163 – بەت.
6. گولدزىھېر: يۇقىرىقى مەنبە، 281 – بەت.