ھىممەتلەر تۆۋەن بولغانلىقى سەۋەبىدىن ھەمدە ئالىملار ئىلگىرىكىلەرگە مۇخالىپ كېلىشتىن قاچقانلىقى ۋە ئىلگىرىكىلەرنىڭ قاراشلىرىغا مۇقەددەسلەشتۈرۈشكە ئوخشايدىغان مەنىلەرنى بەرگەنلىكى سەۋەبىدىن، جەمئىيەت كېسەللىرىنىڭ داۋاسى بولغان فىقھتا ئىجتىھاد قىلىش توختاپ قالغان بولسا، ئەقىدىلەردە ئىجتىھاد قىلىش تېخىمۇ بالدۇرراق توختاپ قالغان. ئەھلىسۈننەت ئالىملىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئىمام ئەشئەرىينىڭ سۆزلىرىنى تەكرارلاپ ۋە شۇنى تەتقىق قىلىپ، ئۇنىڭ سۆزلىرىنىڭ تۈۋىدە تۇرۇۋالغان. كۆپىنچىلىرى ئىمام ماتۇرىيدىينىڭ قاراشلىرىدىن بىخەبەر قالغان. ئىمام باقىللانىي ئىمام ئەشئەرىينىڭ قارىشى ۋە دەلىللىرىگە ئەمەل قىلىشنى ۋاجىب دەپ قاراپ، ئۇلارغا بۇنى پرىنسىپ قىلىپ بېكىتكەن. نەتىجىدە ئەقىلنىڭ خاتالىققا چۈشۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئىمام ئەشئەرىي كەلتۈرگەن پاكىتلاردىن باشقىغا ئۆتەلمىگەن.
شۇ جەھەتتىن، ھىجرىيە 8 – ئەسىردىن 12 – ئەسىرگىچە مەزگىللەردە بىرەر يېڭىلىققا چاقىرىدىغان مەزھەبلەر چىقمىغان. پەقەت گاھىدا قەدىمكى پىرقەلەرنىڭ بەزى قاراشلىرىنى تۇتۇپ، ئىمام ئەشئەرىينىڭ قارىشىنى تاشلاش مايىللىقلىرى بولغان. بىز بۇنى ئىمام ئىبنۇلقەييىمدىن ۋە ئۇنىڭ شەيخى ئىمام ئىبنى تەيمىييەدىن كۆرەلەيمىز. يەنە بەزى ئالىملارنىڭ مۇئتەزىلەلەرنىڭ مەلۇم بىر قارىشىنى ئەشئەرىيلەرنىڭ مەلۇم بىر قارىشىغا تەرجىھ قىلغانلىقىنى ياكى ئىمام ئەشئەرىينىڭ قارىشىنى قويۇپ، ئىمام ماتۇرىيدىينىڭ قارىشىنى ئىختىيار قىلغانلىقىنى كۆرىمىز. ئومۇمەن، پىكرىي ھاياتلىق توڭلىغان، نەتىجىدە پەتۋاغا قارىغۇلارچە چىڭ ئېسىلىۋېلىش ۋە ئېتىقادىي مەزھەبلەرنىڭ دەلىللەشلىرىگە چىڭ ئېسىلىۋېلىش يۈز بەرگەن.
[261] ھىجرىيە سەككىزىنچى ئەسىرنىڭ بىر قىسمى، توققۇزىنچى، ئونىنچى، ئون بىرىنچى، ئون ئىككىنچى ئەسىرلەر ۋە ئون ئۈچىنچى ئەسىرنىڭ كۆپ قىسمىدىن ئىبارەت تۆت ئەسىردە ياشىغان بۇ كىشىلەردە پىكرىي ھاياتلىق قاتمال بولسىمۇ، لېكىن ئىسلام ئىدېئولوگىيىسىنىڭ ئەقىدە دەلىللىرى بارىسىدا مۇئەييەن بىر قاراشتا قاتمال داۋاملىشىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ھالبۇكى بىرەر قاراشنىڭ دەلىللىرى ۋە مېتودلىرى ياخشى دەيدىغان كەسكىن ھۆججەتمۇ يوق ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇسۇلمانلار بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرىسىدا بولغان ئىتتىپاقلىشىشنىڭ نەتىجىسىدە، ياۋروپادىكى نەرسىلەر بىلەن ئەقىللەر ئويغىنىشقا باشلىغان. ئوسمانىيلار ياۋروپالىقلار بىلەن قويۇق ئالاقە باغلاپ، ياۋروپانىڭ مالىيە تۈزۈملىرىدىن تەسىرلەنگەنىدى، ھەتتا تۈرك ئالىملىرى ئىچىدە بەزى ئۆسۈم پايدىلارنى مۇباھ قىلىش ئۈچۈن، قەرز ئېلىشتا ھىيلە ئىشلىتىشنى جائىز قىلغانلارمۇ بولغان. شۇ چاغدىلا ئاستانە(1) ئالىملىرى ئۇنداق پەتۋا بەرگەنلەرنىڭ پەتۋاسىنى ئەيىبلىگەن ۋە ئۇنداقلارنىڭ سۆزلىرىنى تۇتۇشتىن توسقان.يۇقىرىدا ئىشارە قىلغىنىمىزدەك، ئەقىللەر قاتماللىشىپ كەتكەن ئەسىرلەر ئىماملارنىڭ قاراشلىرىنى مۇقەددەسلەشتۈرۈش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغان. سالىھلەرنى ھاياتىدا ۋە ئۆلگەندىن كېيىنمۇ مۇقەددەسلەشتۈرۈش، گۆرلىرىنى زىيارەت قىلىپ، خۇددى ھەرەم بەيتۇللاھنى تاۋاپ قىلغاندەك تاۋاپ قىلىشلار ئەنە شۇ مۇقەددەسلەشتۈرۈشنىڭ ئىپادىلىرىدىن ئىدى. بۇنىڭ تەسىرىدە، بىر تائىپە مەيدانغا كېلىپ، بۇ ئىشقا قارشى تۇرغان ۋە بۇ جەھەتتە ئىمام ئىبنى تەيمىييەنىڭ قاراشلىرىغا ئەگەشكەن. بۇ ئىش ئىمام ئىبنى تەيمىييەنىڭ قاراشلىرىنى ئۇزۇن يىللىق ئۇخلاۋاتقان يېرىدىن قوزغىتىپ چىقارغان.
1. ۋەھھابىيلەر
[262] شەخسلەرنى زىيادە ئۇلۇغلاش ۋە ئۇلاردىن بەرىكەت ئىستەش، ئۇلارنى زىيارەت قىلىش بىلەن ئاللاھتىن يېقىنلىق ئىزدەش قاتارلىقلارنىڭ نەتىجىسىدە ھەمدە دىندىن بولمىغان بىدئەتلەرنىڭ ئاۋۇشى نەتىجىسىدە، ئەرەب سەھراسىدا ۋەھھابىيلەر مەيدانغا كەلدى. ھالبۇكى بۇ بىدئەتلەر دىنىي مۇراسىملاردا ۋە دۇنياۋى ئەمەللەردە ھۆكۈم سۈرگەن ئىدى.
ۋەھھابىيلەر مانا مۇشۇلارغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقتى ۋە ئىمام ئىبنى تەيمىييەنىڭ مەزھەبىنى تىرىلدۈردى.
ۋەھھابىيلىقنىڭ قۇرغۇچىسى مىلادىيە 1787 – يىلى ۋاپات بولغان مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋەھھابتۇر. ئۇ ئىمام ئىبنى تەيمىييەنىڭ ئەسەرلىرىنى تەتقىق قىلدى. نەتىجىدە ئىمام ئىبنى تەيمىييەنىڭ ئەسەرلىرى ئۇنىڭ كۆزىدە يالتىرىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىمام ئىبنى تەيمىييەنىڭ ئەسەرلىرىگە چوڭقۇرلىدى ۋە ئۇ ئەسەرلەرنى نەزەرىيە دائىرىسىدىن ئەمەلىيەت دائىرىسىگە ئېلىپ چىقتى. ۋەھھابىيلەر ئەمەلىيەتتە ئەقىدىگە نىسبەتەن ئىمام ئىبنى تەيمىييەنىڭ ئېلىپ كەلگەنلىرىگە ھېچنېمە قوشقىنى يوق، لېكىن ئۇلار ئىمام ئىبنى تەيمىييە قاتتىق قول بولغاندىنمۇ ئارتۇقراق قاتتىق قول بولدى ۋە ئىمام ئىبنى تەيمىييە تىلغا ئېلىپ باقمىغان بىر قىسىم ئەمەلىي ئىشلارنى تەرتىپلىدى. ئىمام ئىبنى تەيمىييەنىڭ ئۇ ئىشلارنى تىلغا ئالماسلىقىنىڭ سەۋەبى ئۇ ئىشلار ئۇنىڭ دەۋرىدە مەشھۇر بولمىغان. ئۇ ئىشلار تۆۋەندىكىلەر بىلەن خۇلاسىلىنىدۇ:
1) ئۇلار ئىبادەتنى ئىسلام قۇرئان – سۈننەتتە بېكىتكىنىدەك ۋە ئىمام ئىبنى تەيمىييە تىلغا ئالغاندەك قىلىش بىلەن كۇپايىلىنىپ قالماستىن، بەلكى ئادەتلەرنىڭمۇ ئىسلام دائىرىسىدىن چىقمايدىغان بولۇشىنى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇ رىئايە قىلغان ئىشلارغا رىئايە قىلىشىنى ئىستىدى. شۇ جەھەتتىن، تاماكىنى ھارام قىلدى(2) ۋە ھارام دېيىشتە بەكلا چىڭ تۇردى، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئاۋاملىرى تاماكا چەككۈچىنى مۇشرىكتەك ھېسابلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار گۇناھ ئۆتكۈزگۈچىنى كافىرغا چىقىرىدىغان خاۋارىجلارغا ئوخشاپ قالدى.
2) دەسلەپتە ئۇلار قەھۋە ۋە شۇنىڭغا ئوخشايدىغان نەرسىلەرنى ئۆزلىرىگە ھارام قىلغان ئىدى. لېكىن، ئايان بولۇشىچە، كېيىن ئۇ مەسىلىلەردە بوشاپ كەتكەن.
3) ۋەھھابىيلەر يالغۇز دەۋەت بىلەن چەكلەنمەستىن، ئۆزلىرىگە مۇخالىپ بولغانلارغا قورال كۆتۈردى. ئۇلار ئۆزلىرىنى بىدئەتلەرگە قارشى تۇرۇۋاتىمىز، بىدئەت دېگەن قارشى تۇرۇش ۋاجىب بولغان مۇنكەردۇر، ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿كُنتُمۡ خَيۡرَ أُمَّةٍ أُخۡرِجَتۡ لِلنَّاسِ تَأۡمُرُونَ بِٱلۡمَعۡرُوفِ وَتَنۡهَوۡنَ عَنِ ٱلۡمُنكَرِ وَتُؤۡمِنُونَ بِٱللَّهِۗ / (ئى مۇھەممەد ئۈممىتى!) سىلەر ئىنسانلار مەنپەئىتى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان، ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسىدىغان، ئاللاھقا ئىمان ئېيتىدىغان ئەڭ ياخشى ئۈممەتىسلەر﴾(3/«ئال ئىمران»: 110) دېگەن سۆزىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن «ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسۇش ۋاجىب» دەپ قارايتتى. ئۇرۇش ۋە كۈرەش مەيدانىدا ۋەھھابىيلىق پىكرىگە ئەرەب زېمىنلىرىغا ھاكىملىق قىلىۋاتقان سەئۇدىي جەمەتىنىڭ بوۋىسى مۇھەممەد ئىبنى سەئۇد رەھبەرلىك قىلدى. ئۇ شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋەھھابنىڭ كۈيئوغلى ئىدى. ئۇ ئۇنىڭ مەزھەبىنى قوبۇل قىلدى ۋە ئۇنىڭ مەزھەبىگە قىزغىن بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ پىكىرگە قىلىچ كۈچى بىلەن دەۋەت قىلىشقا باشلىدى ۋە بۇنى سۈننەتنى تىرىلدۈرۈش ۋە بىدئەتنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن قىلىۋاتقانلىقىنى جاكارلىدى. زورلۇق تەبىئىتىنى ئالغان بۇ دىنىي دەۋەت ئوسمانىيلار ھاكىمىيىتىگە قارشى ئىسياننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇشى مۇمكىن ئىدى. قانداقلا ئىش بولۇپ كەتسۇن، دەۋەت قورال كۈچى بىلەن داۋاملاشتى. نەتىجىدە ئوسمانىيلار دۆلىتى ئۇنىڭغا قارشى كۈچ ئاجراتتى – يۇ، لېكىن غەلىبە قىلالمىدى ۋە بۇ دەۋەتنىڭ كۈچىنى يوقىتالمىدى. ئاخىرىدا، مىسىر ۋالىيسى مۇھەممەد ئەلى پاشا ئوتتۇرىغا چۈشۈپ، ئۆزىنىڭ كۈچلۈك قوشۇنى بىلەن ۋەھھابىيلەرگە ھۇجۇم قوزغىدى ۋە ئۇلارنى بىرقانچە جەڭدە مەغلۇب قىلدى. شۇندىلا قوراللىق كۈچلەر تارىيىپ، ئەرەب قەبىلىلىرىگە قىسقاردى. سەل كۈچەيسىلا زورلۇق قىلىپ، قاتتىق قارشىلىققا ئۇچرىسا تۈگۈلۈۋېلىپ داۋاملاشقان بۇ ھەرىكەتنىڭ مەركىزى رىياد ۋە ئۇنىڭ ئەتراپى بولغان ئىدى.
4) بۇ دەۋەت بىرەر يېزىنى ياكى بىرەر شەھەرنى ئىگىلىسىلا، ئۇدۇل كېلىپ قەبرلەرنى ئۆرۈپ ۋەيران قىلدى، ھەتتا بەزى ياۋروپالىق يازغۇچىلار ئۇلارغا «ئىبادەتخانا چاققۇچىلار» دېگەن سۈپەتنى قوللانغان. بۇ سۈپەتلەشتە ئازراق ئاشۇرۇۋېتىش بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، قەبرلەر ئىبادەتخانا ئەمەس. لېكىن، شۇنىسى ئاشكارىكى، ئۇلار قەبر بىلەن بىرگە، (قەبرىستانلىقتىكى) مەسجىدنىمۇ چاقاتتى ۋە بۇ ئىشتا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بەنى ئىسرائىلنى ئەيىبلەپ ئېيتقان سۆزىگە ئېسىلغان. چۈنكى، بەنى ئىسرائىل ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ قەبرلىرىنى مەسجىد قىلىۋالغان ئىدى.
5) ئۇلارنىڭ زورلۇقى بۇنىڭدىلا توختاپ قالمىدى، ئۇلار كۆرۈلگەنلىكى قەبرلەرنى ئۆرۈپ تاشلىدى. ھىجاز ئەللىرىدە ئۇلار ھاكىمىيەت ئۈستىگە چىققاندىن كېيىن، پۈتۈن ساھابەلەرنىڭ قەبرلىرىنى ئۆرۈپ چېقىپ، يەر بىلەن تۈپتۈز قىلىۋەتتى ۋە ئۇ قەبرلەردىن قەبر ئورنىنى كۆرسىتىدىغان بەلگىلەردىن باشقا ھېچنېمە قالمىدى. ئۇلار قەبرلەرنى زىيارەت قىلىشقا ۋە زىيارەتتە قەبرگە «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دەپ سالام قىلىش بىلەنلا كۇپايىلىنىشكە ئىجازەت بەردى.
6) ئۇلار بۇتپەرەسلىكمۇ يوق، بۇتپەرەسلىككىمۇ ئېلىپ بارمايدىغان ئۇششاق ئىشلارغا ئېسىلىۋېلىپ، ئۇ ئىشلارنى مۇنكەر دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشتى. مەسىلەن، شۇ ئىشلاردىن فوتوگراف رەسىم. شۇڭا، ئۇلارنىڭ پەتۋالىرىدا ۋە ئالىملىرى يازغان رىسالەلىرىدە بۇنى كۆرىمىز. ھالبۇكى ئۇلارنىڭ ئەمىرلىرى بۇنىڭدا ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە ئەمەل قىلمايتتى، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈيتتى.
7) ئۇلار بىدئەتنىڭ مەنىسىنى ئاجايىپ كېڭەيتىپ، ھەتتا رەۋزە شەرىفنىڭ ئۈستىگە يوپۇق يېپىشنىمۇ بىدئەت ئىش دەپ دەۋا قىلدى. شۇڭلاشقا، ئۇلار رەۋزە شەرىفنىڭ ئۈستىدىكى يوپۇقلارنى يېڭىلاشنى مەنئى قىلدى. نەتىجىدە يوپۇقلار شۇ دەرىجىدە كونا دەسمالدەك بولۇپ كەتتىكى، ئەگەر پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھۇزۇرىدا بولغان كىشىگە تاشلىنىدىغان نۇر بولمىسا ئىدى ياكى مۇسۇلمان ئۇ يەرنى پەيغەمبەرلەرنىڭ سەييىد(3)ىگە ۋەھيى نازىل بولغان جاي دەپ ھېس قىلمىسا ئىدى، كۆرگەن ئادەم سەسكىنىپ كېتەتتى.
بىز بۇنىڭدىن باشقا، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ «‹سەييىدۇنا (سەييىدىمىز) مۇھەممەد› دېيىشنىمۇ بىدئەت، جائىز ئەمەس» دەپ ساناپ، قاتتىق چەكتىن ئاشقانلىقىنى كۆرىمىز. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ دەۋەت يولىدا قوپال سۆزلەرنى ئىشلىتىپ، كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىلىرى ئۇلاردىن قاتتىق نەپرەتلەندى.
8) شۇنىسى ھەقىقەتكى، ۋەھھابىيلەر ئىمام ئىبنى تەيمىييەنىڭ قاراشلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇردى ۋە ئۇنىڭغا قاتتىق قىزغىن بولدى. ئۇلار بىز ئۆزلىرىنى «سەلەفىيلەر» دەپ ئاتىۋالغانلارنىڭ مەزھەبى ھەققىدە توختالغىنىمىزدا شەرھلىگەن ئىمام ئىبنى تەيمىييەنىڭ قاراشلىرىنى تۇتتى. لېكىن، ئۇلار بىدئەتنىڭ مەنىسىنى كېڭەيتىپ، ئىبادەتلەر بىلەن ھېچ ئالاقىسى يوق ئىشلارنىمۇ بىدئەت دەپ ئويلىۋالدى. ۋەھالەنكى، ئەمەلىيەتتە بىدئەت دېمەكلىك بەندىلەر ئىبادەت دەپ قىلىدىغان ۋە شۇ ئارقىلىق ئاللاھقا يېقىنلىق ئىزدەيدىغان، دىندىن ھېچبىر ئاساسى بولمىغان ئىشلاردۇر. مەسىلەن، رەۋزە شەرىفكە يوپۇق يېپىشنى ھېچكىم ھېچبىر تۈردە ئىبادەت دېگەن ئەمەس، بەلكى يوپۇق ياپقانلار «قارىغان ئادەمگە چىرايلىق كۆرۈنسۇن» دەپ شۇنداق قىلىدۇ. بۇ ئىش مەسجىدى نەبەۋىينىڭ بېزەكلىرىدىكى ئەھۋالغا ئوخشايدۇ. ئۇلارنىڭ يوپۇقلارنى يامان كۆرۈشى، ئەمما شۇ بېزەكلەرنى يامان كۆرمەسلىكى غەلىتە ئىدى. ھالبۇكى، ئىككى ئىش ئوپمۇئوخشاش ئىدى.
شۇنى بايقىۋېلىشقا بولىدۇكى، ۋەھھابىيلەرنىڭ ئالىملىرى ئۆزلىرىنىڭ قاراشلىرىنى خاتالىقنى قوبۇل قىلمايدىغان توپتوغرا قىلىپ كۆرسىتىدۇ، باشقىلارنىڭ قاراشلىرىنى بولسا توغرىنى قوبۇل قىلمايدىغان خاتا قىلىپ كۆرسىتىدۇ. ھەتتا ئۇلار باشقىلارنىڭ قىلىۋاتقان قەبر قوپۇرۇش، قەبرلەرنى تاۋاپ قىلىش ئىشلىرىنى بۇتپەرەسلىككە يېقىن دەپ ھېسابلايدۇ. ئۇلار بۇنىڭدا ئۆزلىرىگە قارشى پىكىردىكىلەرنى كافىرغا چىقىرىدىغان ۋە ئۇلار بىلەن ئۇرۇشىدىغان خاۋارىجلارغا يېقىنلىشىپ قالىدۇ. ئۇلار چۆلدىن چىقماي چۆلگە بېكىنىۋالغان كۈنلەردە ھېچ زەرەر كۆرۈلمىگەن ئىدى، لېكىن ھىجاز ئەللىرىدە ئىشلار سەئۇدىي جەمەتىنىڭ قولىغا ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇلار باشقىلار بىلەن ئارىلاشتى. شۇنىڭ بىلەن ئىش خەتەرگە ئايلاندى. شۇڭلاشقا، بۇنىڭغا مەرھۇم پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئال سەئۇد قارشى چىقىپ، ئۇلارنىڭ قاراشلىرىنى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىچىدە قالدۇردى، باشقىلارغا تاڭدۇرمىدى ۋە بۇ جەھەتتە ئۇلاردىن يىراقراق يولدا مېڭىپ، رەۋزە شەرىف ئۈچۈن ھېلىقى كونا دەسماللارنىڭ ئورنىغا يوپۇقلارنى ياساتتى. لېكىن، مەسجىدى نەبەۋىي يېڭىلىنىپ بولغۇچە، يېڭى يوپۇقلارنى يېپىشنى كېچىكتۈردى.
ئىسلام مەزھەبلىرى تارىخى/ تاريخ المذاهب الإسلامية؛ ئىمام مۇھەممەد ئەبۇ زەھرە؛ مۇھەممەد قاۋۇل قاراخانىي تەرجىمىسى؛ ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى
————————————————————–
1. ئەينى زاماندىكى پايتەخت ئىستانبۇلنى دېمەكچى.
2. بۇ تاماكىنىڭ سالامەتلىككە بولغان زىيىنى تېخى ئىسپاتلانمىغان ۋە بۇ سەۋەبتىن ئالىملار ئۇنىڭ ھاراملىقىغا بىرلىككە كەلمىگەن زامانلار ئىدى.
3. سەييىد (السَّيِّدُ): ئەرەبچىدە «ئىگە، ئىگىدار، خوجايىن، مۈلۈكدار، ئېسىل زات ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئىشىنى باشقۇرىدىغان ئىتائەت قىلىنغۇچى رەئىس» دېگەن مەنىلەردە بولۇپ، ئادەتتە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەۋلادلىرىغا ئىشلىتىلىدىغان ھۆرمەت سۆزىدۇر. بۇ ۋەجدىن نەسەب شەجەرەسى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەۋلادلىرىغا تۇتاشقانلارغا «سەييىد ئەۋلادى» دېيىلىدۇ. ئەقىدە ئىلمى ئىستىلاھىدا بولسا رەب، پەرۋەردىگار ۋە جىمى مەخلۇقاتلارنىڭ ئىگىسى، جىمى مەخلۇقاتلار ئىتائەت قىلىدىغان، نۇقسانسىز زات ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىم شەرىفلىرىدىن بىرىدۇر. قاراڭ: «ئەرەب تىلى كومىتېتى»: «ئەلمۇئجەمۇل ۋەسىت»، 1/461؛ قازى ئەھمەدنەگەرىي: «دەستۇرۇل ئۆلەماﺋ»، 2/139؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ»، 940 – بەت.