ئېتىقادىي مەزھەبلەر (7) سەلەفىيلەر

ئېتىقادىي مەزھەبلەر (7) سەلەفىيلەر

[237] بىز گەرچە بۇ يەردە سەلەفىيلەرنىڭ بەزى قاراشلىرىنىڭ سەلەف سالىھلەرنىڭ مەزھەبىنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكىنى مۇھاكىمە قىلىدىغان بولساقمۇ، ئەمما «سەلەفىيلەر» دېگىنىمىزدە، ئۆزلىرىنى شۇ سۈپەت بىلەن ئاتىۋالغان ئاشۇ كىشىلەرنى مەقسەت قىلىمىز. ئۇلار ھىجرىيە 4 – ئەسىردە ئوتتۇرىغا چىققان. ئۇلار ھەنبەلىيلەردىن ئىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئومۇمىي قاراشلىرىنىڭ سەلەفلەرنىڭ ئەقىدىسىنى ئىھيا قىلغان ۋە ئۇنى مۇداپىئە قىلغان ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن ھىجرىيە 7 – ئەسىردە ئۇلار قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىققان. (بۇ قېتىم) ئۇ قاراشلارنى شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىييە ئىھيا قىلغان ۋە ئۇنىڭغا قاتتىق دەۋەت قىلغان ھەمدە ئۆز دەۋرىنىڭ ئېھتىياجلىرى تۈپەيلى ئۇ قاراشلارغا يەنە باشقا ئىشلارنىمۇ قاتقان. ئاندىن بۇ قاراشلار ھىجرىيە 12 – ئەسىردە ئەرەب يېرىم ئارىلىدا ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، ئۇ قاراشلارنى مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋەھھاب ئەرەب يېرىم ئارىلىدا ئىھيا قىلغان. ۋەھھابىيلەر ھالا شۇ قاراشلارغا چاقىرماقتا ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ بەزى ئالىملىرىمۇ شۇ قاراشلارغا قىزىقىپ كەلمەكتە. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنى بايان قىلىش لازىم بولدى.

بۇ ھەنبەلىيلەر تەۋھىد ھەققىدە ۋە تەۋھىدنىڭ قەبرلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختالغان ھەمدە تەئۋىل ۋە تەشبىھ ئايەتلىرى ھەققىدە توختالغان. مانا بۇ ئۇلارنىڭ ھىجرىيە 4 – ئەسىردە ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىققان قاراشلىرىدۇر. ئۇلار سۆزلىرىنى ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلگە مەنسۇپ قىلغان. بەزى ھۆرمەتكە سازاۋەر ھەنبەلىيلەر ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنىڭ ئىمام ئەھمەدكە مەنسۇپ ئەمەسلىكى توغرىسىدا ئۇلار بىلەن مۇنازىرىلەشكەن.

ئۇلار بىلەن ئەشئەرىيلەر ئوتتۇرىسىدا قاتتىق جەڭگە – جېدەللەر بولغان. چۈنكى، ئۇلار ئەشئەرىيلەرنىڭ مۇتلەق كۈچلۈك ھوقۇقى بار بولغان بىر ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى. ئىككى پىرقە ئوتتۇرىسىدا قاتتىق جېدەللەر بولۇپ، ئىككىلىسى ئۆزلىرىنى سەلەفلەرنىڭ مەزھەبىگە چاقىرىۋاتىمىز دەپ ئويلايتتى. بىز گەرچە ئەشئەرىيلەرنىڭ مەزھەبىنىڭ سەلەفلەردىن رىۋايەت قىلىنغان قاراشلار بىلەن قانچىلىك مۇناسىۋىتى بارلىقىنى بايان قىلمىغان بولساقمۇ، بىز ئەشئەرىيلەرنىڭ مەزھەبىنى يۇقىرىدا ئەينەن بايان قىلدۇق. بىز بۇ پارچىدا ئىسىم بىلەن ماھىيەت ئوتتۇرىسىنى سېلىشتۇرۇش ئۈچۈن، شۇ «سەلەفىيلەر» (يەنى سەلەفنىڭ يولىنى تۇتۇپ ماڭغۇچىلار) دېگەن ئىسىمنى كۆتۈرۈپ يۈرگەن بۇ كىشىلەرنىڭ تەپەككۇرىنى بايان قىلىش ئەسناسىدا، سەلەف ئەقىدىسى توغرىسىدىمۇ ئىنچىكە توختىلىمىز.

بۇ سەلەفىيلەرنىڭ مېتودى

[238] بىز مۇئتەزىلەلەرنىڭ ئىسلام ئەقىدىسىنى بايان قىلىشتا پەلسەپەۋى بىر مېتودنى تۇتۇپ ماڭغانلىقى، ئۇ مېتودلىرىنى بەس – مۇنازىرىلىرىدە گرېك مەنتىقىسىدىن ۋە پەيلاسوپلارنىڭ ئۇسۇللىرىدىن ئالغانلىقىنى بىلگەنىدۇق. ئىسلامنى قوغداشتىن ئىبارەت ئۆزلىرىنى ئاتىغان ئىدىيە ئۇلارنىڭ شۇ مېتودنى تۇتۇپ مېڭىشىغا بائىس بولغان ئىدى. شۇ پەلسەپەۋى يولدا ئەشئەرىيلەر بىلەن ماتۇرىيدىيلەر ئۇلار بىلەن رىقابەتلەشكەن. بۇ كېيىنكى ئىككىسى گەرچە ئۇلار بىلەن ھېساب تالاشقان بولسىمۇ، يېتىپ بارغان نەتىجىلىرىنىڭ كۆپىنچىسىدە ئۇلارغا يېقىنلاشقان.

بۇ سەلەفىيلەر كېلىپ، شۇ يولغا قارشى چىققان ۋە ئەقىدە تەتقىقاتىنىڭ ساھابەلەر ۋە تابىئىننىڭ دەۋرىدىكى ئەسلىي ھالىتىگە قايتىشىنى ئىستىگەن. دېمەك، ئۇلار ئەقىدىنى پەقەت كىتاب ۋە سۈننەتتىن ئالغان، ئەقىدىنىڭ ئەسلىنى ۋە ئەقىدە قۇرۇلىدىغان دەلىلنى «قۇرئان»دىن ئالغان ۋە ئالىملارنى «قۇرئان كەرىم»نىڭ دەلىللىرى ھەققىدە تەپەككۇر قىلىشتىن توسقان. باقىللانىي كىشىلەرنى ئەشئەرىينىڭ دەلىللىرىگە باغلاپ قويۇشنى راۋا كۆرگەن بولسا، ئۇلارنىڭ كىشىلەرنى «قۇرئان كەرىم»نىڭ دەلىللىرىگە باغلاپ قويغىنى ئەڭ ئەۋزەلدۇر.

ئىبنى تەيمىييە — ئۇ ئۇلارنىڭ مېتودىنى پۇختىلىغان كىشىدۇر — ئالىملارنىڭ ئىسلام ئەقىدىلىرىنى چۈشىنىشتىكى تەرىقىلىرىنى تۆت قىسىمغا بۆلگەن:

بىرىنچى قىسىم: پەيلاسوپلارنىڭ تەرىقىسى. بۇلار «قۇرئان كەرىم خىتابىي ئۇسۇل بىلەن، ئاۋامنى قانائەتلەندۈرىدىغان (ئاۋامدىن باشقىنى قانائەتلەندۈرەلمەيدىغان) مۇقەددىمىلەر بىلەن كەلگەن» دەيدۇ ۋە «ئۆزلىرىنىلا پاكىت ۋە جەزمىيەت ئەھلى، ئەقىدىلەرنىڭ ئاساسى پاكىت ۋە جەزمىيەت» دەپ دەۋا قىلىدۇ.

ئىككىنچى قىسىم: مۇتەكەللىملەر يەنى مۇئتەزىلەلەرنىڭ تەرىقىسى. بۇلار «قۇرئان» ئايەتلىرى ھەققىدە تەپەككۇر قىلىشتىن بۇرۇن ئەقلىي ھۆكۈملەرنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇۋالىدۇ. ئۇلار دەلىللەشنىڭ ئىككى تۈرىنى تۇتىدۇ، لېكىن ئەقلىي تەپەككۇرنى قۇرئانىي دەلىلنىڭ ئالدىغا قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئەقىدىلىرىدىن چىقىپ كەتمەيدىغانلا بولسا، ئەقىلنىڭ تەقەززاسى بويىچە تەئۋىل قىلىدۇ.

ئۈچىنچى قىسىم: بىر بۆلۈك ئالىملارنىڭ تەرىقىسى بولۇپ، ئۇلار «قۇرئان كەرىم»دىكى ئەقىدىلەر ۋە دەلىللەر ھەققىدە تەپەككۇر قىلىدۇ، «قۇرئان»غا ۋە ئۇنىڭدىكى دەلىللەرگە ئىشىنىدۇ ۋە ئۇنى تۇتىدۇ، لېكىن ئۇ دەلىللەرنى ئارىسىدىن مۇقەددىمىلەر ئىزدىلىدىغان، ئەقىلگە يوليۇرۇق بەرگۈچى، يېتەكچى ۋە توغرا يولغا باشلىغۇچى دەلىللەر سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى نېمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولسا، شۇنىڭغا ئىشىنىش ۋاجىب بولغان خەبەر ئايەتلىرى سۈپىتىدە تۇتىدۇ ۋە ئۇ دەلىللەرنىڭ مەزمۇنىنى ئەقلىي يەكۈننىڭ مۇقەددىمەسى قىلمايدۇ. شۇنىسى ئاشكارىكى، ئىمام ئىبنى تەيمىييە ماتۇرىيدىيلەرنى مۇشۇ قىسىمدىن سانىغان. چۈنكى، ئۇلار «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئەقىدىلىرىگە پاكىت كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئەقىلدىن پايدىلىنىدۇ.

تۆتىنچى قىسىم: بۇ قىسىم «قۇرئان كەرىم»گە — ئۇنىڭ ئەقىدىلىرىگە ۋە دەلىللىرىگە — ئىشىنىدۇ، لېكىن «قۇرئان» دەلىللىرى بىلەن بىرگە، ئەقلىي دەلىللەردىن پايدىلىنىدۇ(1). بۇلاردىن ئىمام ئىبنى تەيمىييەنىڭ ئەشئەرىيلەرنى مەقسەت قىلغانلىقى ئاشكارىدۇر.

بۇ بۆلۈشتىن كېيىن ئىمام ئىبنى تەيمىييە بۇ تۆت يولنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ سەلەفلەرنىڭ يولى ئەمەسلىكىنى، چۈنكى ئەقىدىلەرنىڭ پەقەت نەسلەردىنلا ئېلىنىدىغانلىقى، ئەقىدە دەلىللىرىنىڭمۇ پەقەت نەسلەردىن ئېلىنىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. دېمەك، بۇ سەلەفىيلەر «ئەقىل ئېزىپ كېتىدۇ» دەپ ئەقىلگە ئىشەنمەيدۇ، لېكىن نەسكە ۋە نەس ئىشارەت قىلىدىغان دەلىللەرگە ئىشىنىدۇ. چۈنكى، نەس پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە نازىل قىلىنغان ۋەھيىدۇر.

سەلەفىيلەرنىڭ بايانىچە، شۇ ئەقلىي ئۇسلۇبلار ئىسلامدا يوقتىن پەيدا قىلىنغان، بۇ ئۇسلۇبلار ساھابەلەر ۋە تابىئىنگە قەتئىي تونۇشلۇق ئەمەس ئىدى، ئەگەر بىز: «ئەقىدىلەرنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئۇ ئۇسلۇبلار زۆرۆر» دېسەك، بۇ گەپتىن «بۇ ئىلگىرىكى سەلەفلەر ئەقىدىلەرنى لايىق رەۋىشتە چۈشەنمىگەن ئىدى ۋە ئەقىدىلەرنىڭ دەلىللىرىنى تولۇق رەۋىشتە ئىدراك قىلالمىغان ئىدى» دېگەن مەزمۇن چىقىدۇ. بۇ ھەقتە ئىمام ئىبنى تەيمىييە ئېيتىدۇ: «ئۇلار: ‹پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆزىگە نازىل قىلىنغان بۇ ئايەتلەرنىڭ مەنىسىنى بىلمەيتتى ۋە ئۇنىڭ ساھابەلىرىمۇ بىلمەيتتى› دەيدۇ. ھەتتا ئۇلارنىڭ سۆزىدىن شۇ مەنە چىقىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆزى ئېيتقان سىفات ھەدىسلىرىنىڭ مەنىسىنى بىلمەيتتى، بەلكى ئۆزى بىلمەيدىغان گەپنى دەيتتى».

بۇنىڭدىن شۇ مەلۇم بولىدۇكى، ئىمام ئىبنى تەيمىييەنىڭ تەسۋىرلىگىنىدەك، سەلەفىيلەر مۇنداق قارايدۇ: «ئەقىدە، ئەھكام ۋە ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق نەرسىلەرنى ‹قۇرئان كەرىم›سىز ۋە ‹قۇرئان›نى بايان قىلغۇچى سۈننەتسىز ئىجمالىيمۇ ۋە تەپسىلىيمۇ بىلگىلى بولمايدۇ. ‹قۇرئان كەرىم› نېمە دەپ بېكىتسە، ‹قۇرئان›نى سۈننەت نېمە دەپ شەرھلىسە، شۇ مەقبۇلدۇر، بويۇنتاۋلىق قىلىپ رەت قىلىشقا بولمايدۇ، ئەقىلنىڭ ئايەتلەر ئىپادىلىگەن، ھەدىسلەر قوللىغان مىقداردىن ئارتۇق ‹قۇرئان كەرىم›نى تەئۋىل قىلىش، تەفسىرلەش ياكى ئۇنىڭدىن ھۆكۈم چىقىرىش ھوقۇقى يوق، شۇنىڭدىن كېيىن ئەقىلنىڭ بىر ھوقۇقى بار بولۇپ قالسا، ئۇ ھوقۇق تەستىق ۋە قوبۇلدىدۇر، نەقىلنى ئەقىلگە يېقىنلاشتۇرۇش ۋە ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا زىتلىقنىڭ يوقلۇقىنى بايان قىلىشتىدۇر. دېمەك، ئەقىل گۇۋاھچى بولىدۇ، ھۆكۈم قىلغۇچى بولمايدۇ؛ ئىقرار قىلغۇچى ۋە قوللىغۇچى بولىدۇ، قارشى چىققۇچى ۋە رەت قىلغۇچى بولمايدۇ؛ ھەمدە ئەقىل ‹قۇرئان كەرىم› ئۆز ئىچىگە ئالغان دەلىللەرنى ئىزاھلىغۇچى بولىدۇ».

مانا بۇ ئۇلارنىڭ مېتودىدۇر. ئۇ مېتودتا ئەقىل نەقىلنىڭ ئارقىسىدا نەقىلنى قوللاپ – قۇۋۋەتلەپ ماڭىدۇ، ئەقىل مۇستەقىل دەلىللىيەلمەيدۇ، بەلكى نەسلەرنىڭ مەنىلىرىنى يېقىنلاشتۇرىدۇ. ئۇلار ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ۋەھدانىيىتى ۋە سۈپەتلىرى، ئىنساننىڭ پېئىللىرى، «قۇرئان كەرىم»نىڭ مەخلۇق ياكى مەخلۇق ئەمەسلىكى، (ئاللاھنى غەيرىگە) ئوخشىتىشنى گۇمانلاندۇرۇپ قويىدىغان سۈپەت ۋە ئايەتلەر قاتارلىقلارنى ۋە شۇنىڭدەك ئىشلارنى تەتقىق قىلغان.

ۋەھدانىيەت / ئاللاھنىڭ يېگانىلىكى

[240] بۇ سەلەفىيلەر ۋەھدانىيەتنى ئىسلامنىڭ بىرىنچى ئاساسى دەپ قارايدۇ. بۇ ھەق بولۇپ، بۇنىڭدا شەككە ئورۇن يوق. ئۇلار ۋەھدانىيەتنىڭ مەنىسىنى ئومۇمەن پۈتۈن مۇسۇلمانلار ئېتىراپ قىلىدىغان قاراشلارغا ئۇيغۇنلىشىدىغان شەكىلدە تەفسىرلەيدۇ. لېكىن، بەزەن ئىشلارنى ۋەھدانىيەتكە زىت كېلىدۇ دەپ تەسەۋۋۇر قىلىدۇ، كۆپچىلىك مۇسۇلمانلار ئۇ ئىشلاردا ئۇلارنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. مەسىلەن، «رەببىنىڭ دەرگاھىغا كەتكەن بىرەر بەندە بىلەن ئاللاھقا تەۋەسسۇل2) قىلىشنى ۋەھدانىيەتكە زىت» دەپ قارايدۇ، يەنە «رەۋزە شەرىف3)نى ئۇنىڭغا ئالدىنى قىلىپ تۇرۇپ زىيارەت قىلىشنى ۋەھدانىيەتكە زىت» دەپ قارايدۇ، يەنە «رەۋزە شەرىف ئەتراپىدا دىنىي پائالىيەتلەرنى قىلىش ۋەھدانىيەتكە زىت، بىرەر پەيغەمبەرنىڭ ياكى بىرەر ئەۋلىياﺋ4)نىڭ گۆرىگە ئالدىنى قىلىپ تۇرۇپ ئاللاھقا دۇئا قىلىش ۋەھدانىيەتكە زىت» دەپ قارايدۇ. ئاندىن بۇنى سەلەف سالىھلەرنىڭ مەزھەبى، ئۇنىڭدىن باشقىسى تەۋھىد مەنىسىگە دەخلى يەتكۈزىدىغان بىدئەتلەر، دەپ قارايدۇ.

مۇسۇلمانلارنىڭ ئالىملىرى مۇئەييەنلەشتۈرگەندەك، ۋەھدانىيەتنىڭ ئۈچ تارمىقى بار. ئۇلار: زاتتىكى ۋە سۈپەتلەردىكى ۋەھدانىيەت، يارىتىش ۋە بارلىققا كەلتۈرۈشتىكى ۋەھدانىيەت، مەبۇدلۇقتىكى ۋەھدانىيەت.

زات ۋە سۈپەتلەردىكى ۋەھدانىيەت

[241] مۇسۇلمانلار ئاللاھ تائالانىڭ بىر ئىكەنلىكى، ھېچنەرسىنىڭ ئۇنىڭغا ئوخشىمايدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئاڭلاپ تۇرغۇچى ۋە كۆرۈپ تۇرغۇچى زات ئىكەنلىكىگە ئىتتىپاقلاشقان. بۇ ھەقتە ئىمام ئىبنى تەيمىييە مۇنداق دەيدۇ: «تەۋھىد (ئاللاھنى بىر دەپ بىلىش)، تەنزىھ (ئاللاھنى پاك دەپ بىلىش)، تەشبىھ (ئاللاھنى باشقا نەرسىگە ئوخشىتىش)، تەجسىم (ئاللاھنى جىسىملاشتۇرۇش) دېگەن گەپلەر مۇتەكەللىملەر ۋە ئۇلاردىن باشقىلارنىڭ قوللىنىشلىرى سەۋەبىدىن كۆپ مەنىلىك سۆزلەرگە ئايلىنىپ كەتكەن. ھەربىر تائىپە بۇ ئىسىملاردىن باشقىلىرى كۆزلىمىگەن مەنىلەرنى كۆزلىگەن. مۇئتەزىلەلەر ۋە ئۇلاردىن باشقىلار تەۋھىد ۋە تەنزىھ بىلەن جىمى سۈپەتلەرنى ئىنكار قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ، تەجسىم ۋە تەشبىھ بىلەن سۈپەتلەردىن بىرەر سۈپەتنى ئىسپاتلاشنى مەقسەت قىلىدۇ. ھەتتا بىركىم: ‹ئاللاھ (قىيامەتتە) كۆرۈلىدۇ ياكى ئاللاھنىڭ سۆزى بار› دېسە، ئۇلارنىڭ نەزەرىدە ئۇ كىشى مۇجەسسىم (ئاللاھنى جىسىملاشتۇرغۇچى) بولىدۇ. ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرى توغرىسىدا گەپ قىلغان كۆپلىگەن تائىپىلەر تەۋھىد ۋە تەنزىھ بىلەن سىفاتى خەبەرىي (يەنى خەبەرىي سۈپەتلەر) نى ياكى ئۇنىڭ بەزىسىنى ئىنكار قىلىش دېگەن مەنىنى، تەجسىم ۋە تەشبىھ بىلەن ئۇ سۈپەتلەرنى ياكى بەزىسىنى ئىسپاتلاش دېگەن مەنىنى مەقسەت قىلىدۇ. پەيلاسوپلار تەۋھىد بىلەن مۇئتەزىلەلەر مەقسەت قىلغان مەنىدىن ئارتۇقراق مەنىنى مەقسەت قىلىدۇ، ھەتتا ئۇلار: ‹ئاللاھنىڭ ھېچبىر سەلبىي ياكى ئىزافىي، ياكى ئۇ ئىككىسىدىن مۇرەككەپ بولغان سۈپىتى يوق› دەيدۇ»5).

سەلبىي سۈپەتلەردىن مەقسەت: (ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالاغا لايىق كەلمەيدىغان مەنىلەرنى سەلب يەنى نەفىي قىلىشقا دالالەت قىلىدىغان) قەدىملىك ۋە باقىيلىققا ئوخشاش سۈپەتلەردۇر. چۈنكى، بۇ ئىككىسىنىڭ مەنىسى: «ئىپتىداسى يوق، ئىنتىھاسى يوق» دېمەكتۇر. ئىزافىي سۈپەتلەردىن مەقسەت: «رَبُّ الْعَالَمِيْنَ / ئالەملەرنىڭ رەببى»، ياكى «خَالِقُ السَّمَوَاتِ وَالْأَرْضِ، فَاطِرُ السَّمَوَاتِ وَالْأَرْضِ / ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ياراتقۇچىسى» غا ئوخشاش سۈپەتلەردۇر. مۇرەككەب سۈپەتلەردىن مەقسەت: ھادىسلارغا ئوخشىماسلىقتۇر.

بۇ مەنىلەردىكى ئالىملارنىڭ ئىختىلاپى بىر پىرقەنىڭ يەنە بىر پىرقەنى كافىرغا چىقىرىشىنى تەقەززا قىلىدۇ. چۈنكى، ئۇ پىكىردىكى ئىختىلاپتۇر، ھەقىقەتتىكى ئىختىلاپ ئەمەس. سەلەفىيلەر ئۆزلىرىگە ئوخشىمايدىغان پىكىردىكىلەردىن ھېچكىمنى كافىرغا چىقارمايدۇ، لېكىن ئۇلارنى ئازغۇنلار دەپ ھېسابلايدۇ ۋە پەيلاسوپلارغا، مۇئتەزىلەلەرگە ۋە «ئەلئىتتىھاد ۋە ئەلفەنائۇ6) فىززات (ئىلاھىي زات بىلەن بىرلىشىش، ئىلاھىي زاتتا پانىي بولۇش)» دەيدىغان سوپىلارغا «ئازغۇن» دەپ ھۆكۈم قىلىدۇ.

سەلەفىيلەر ۋە ئەشئەرىيلەر

[242] بىز يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەن بۇ كىشىلەر سەلەفىيلەرنىڭ نەزەرىدە ئازغۇن بولسا، سەلەفىيلەرنىڭ قاراشلىرىنى ئىزاھلىغان ئىمام ئىبنى تەيمىييەنىڭ نەزەرىدىكى ھىچبىر ئازغۇنلۇق يوق سەلەف سالىھنىڭ قارىشى قانداق؟ ئىمام ئىبنى تەيمىييەنىڭ بايانىچە، سەلەف سالىھلەرنىڭ مەزھەبى «قۇرئان كەرىم»دە ۋە سۈننەتتە كەلگەن (ئاللاھ ھەققىدىكى) بارلىق سۈپەتلەر، ئىسىملار، خەبەرلەر ۋە ھاللارنى ئىسپاتلاشتۇر. مەسىلەن، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ٱللَّهُ لَآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ٱلۡحَيُّ ٱلۡقَيُّومُۚ / بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر؛ ئاللاھ ھەمىشە تىرىكتۇر، ھەممىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر﴾(2/«بەقەرە»: 255). يەنە ئېيتىدۇ: ﴿قُلۡ هُوَ ٱللَّهُ أَحَدٌ ١ ٱللَّهُ ٱلصَّمَدُ ٢ لَمۡ يَلِدۡ وَلَمۡ يُولَدۡ ٣ وَلَمۡ يَكُن لَّهُۥ كُفُوًا أَحَدُۢ ٤ / (ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، ئۇ ئاللاھ بىردۇر. ھەممە ئاللاھقا موھتاجدۇر. ئاللاھ بالا تاپقانمۇ ئەمەس، تۇغۇلغانمۇ ئەمەس. ھېچ كىشى ئۇنىڭغا تەڭداش بولالمايدۇ﴾(112/«ئىخلاس»: 1 – 4). يەنە ئېيتىدۇ: ﴿هُوَ ٱلۡعَلِيمُ ٱلۡحَكِيمُ / ئۇ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر﴾(12/«يۈسۈف»: 83)، ﴿هُوَ ٱلسَّمِيعُ ٱلۡبَصِيرُ / ئۇ ئاڭلىغۇچىدۇر، كۆرگۈچىدۇر﴾(42/«شۇرا»: 11)، ﴿وَهُوَ ٱلۡعَلِيمُ ٱلۡقَدِيرُ / ئۇ بىلگۈچىدۇر، قادىردۇر﴾(30/«رۇم»: 54)، ﴿وَهُوَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلۡحَكِيمُ / ئۇ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر﴾(31/«لوقمان»: 9)، ﴿هُوَ ٱلۡغَفُورُ ٱلرَّحِيمُ / ئۇ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر﴾(39/«زۇمەر»: 53)، ﴿وَهُوَ ٱلۡغَفُورُ ٱلۡوَدُودُ ١٤ ذُو ٱلۡعَرۡشِ ٱلۡمَجِيدُ ١٥ فَعَّالٞ لِّمَا يُرِيدُ ١٦ / ئۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، دوست تۇتقۇچىدۇر، ئەرشنىڭ ئىگىسىدۇر، ناھايىتى ئۇلۇغدۇر، خاھلىغىنىنى قىلغۇچىدۇر﴾(85/«بۇرۇج»: 14 – 16)، ﴿لَهُۥ مُلۡكُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۖ يُحۡيِۦ وَيُمِيتُۖ وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٌ ٢ هُوَ ٱلۡأَوَّلُ وَٱلۡأٓخِرُ وَٱلظَّٰهِرُ وَٱلۡبَاطِنُۖ وَهُوَ بِكُلِّ شَيۡءٍ عَلِيمٌ ٣ هُوَ ٱلَّذِي خَلَقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ فِي سِتَّةِ أَيَّامٖ ثُمَّ ٱسۡتَوَىٰ عَلَى ٱلۡعَرۡشِۖ يَعۡلَمُ مَا يَلِجُ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَمَا يَخۡرُجُ مِنۡهَا وَمَا يَنزِلُ مِنَ ٱلسَّمَآءِ وَمَا يَعۡرُجُ فِيهَاۖ وَهُوَ مَعَكُمۡ أَيۡنَ مَا كُنتُمۡۚ وَٱللَّهُ بِمَا تَعۡمَلُونَ بَصِيرٞ ٤ / ئاللاھنىڭ ئىپتىداسى يوقتۇر، ئىنتىھاسى يوقتۇر، (ئاللاھ) ئاشكارىدۇر (يەنى مەۋجۇدلۇقىنى كۆرسەتكۈچى دەلىللەر بىلەن ئەقىللەرگە ئاشكارىدۇر)، مەخپىيدۇر (يەنى ئۇنى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭ زاتىنىڭ ماھىيىتىنى تونۇشقا ئەقىللەر ئېرىشەلمەيدۇ)، ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر. ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئالتە كۈندە ياراتتى، (ئاندىن ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە) ئەرشكە ئىستىۋاﺋ قىلدى، ئاللاھ زېمىنغا كىرىپ كېتىدىغان نەرسىلەرنى، زېمىندىن چىقىدىغان نەرسىلەرنى، ئاسماندىن چۈشىدىغان نەرسىلەرنى، ئاسمانغا ئۆرلەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ، سىلەر قەيەردە بولساڭلار، ئاللاھ سىلەر بىلەن بىرگە، ئاللاھ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر﴾(57/«ھەدىد»: 2 – 4). يەنە ئېيتىدۇ: ﴿ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمُ ٱتَّبَعُواْ مَآ أَسۡخَطَ ٱللَّهَ وَكَرِهُواْ رِضۡوَٰنَهُۥ فَأَحۡبَطَ أَعۡمَٰلَهُمۡ / بۇ (ئازاب) شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلار ئاللاھنى دەرغەزەپ قىلىدىغان نەرسىلەرگە ئەگەشتى، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى (يەنى ئاللاھنى رازى قىلىدىغان ئىشلارنى) ياقتۇرمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى بىكار قىلدى﴾(47/«مۇھەممەد»: 28). يەنە ئاللاھ ئېيتىدۇ: ﴿رَضِيَ ٱللَّهُ عَنۡهُمۡ وَرَضُواْ عَنۡهُۚ / ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولىدۇ، ئۇلارمۇ ئاللاھتىن رازى بولىدۇ﴾(5/«مائىدە»: 119). يەنە ئېيتىدۇ: ﴿وَغَضِبَ ٱللَّهُ عَلَيۡهِ وَلَعَنَهُۥ وَأَعَدَّ لَهُۥ عَذَابًا عَظِيمٗا / ئۇ ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ۋە لەنىتىگە دۇچار بولىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭغا (ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازاب تەييارلايدۇ﴾(4/«نىساﺋ»: 93). ئاللاھ تائالا يەنە ئېيتىدۇ: ﴿لَمَقۡتُ ٱللَّهِ أَكۡبَرُ مِن مَّقۡتِكُمۡ / ئاللاھنىڭ غەزىپى سىلەرنىڭ بىر ـ بىرىڭلارغا بولغان غەزىپىڭلاردىن ئېشىپ چۈشىدۇ﴾(40/«غافىر»: 10). ئاللاھ تائالا يەنە ئېيتىدۇ: ﴿ هَلۡ يَنظُرُونَ إِلَّآ أَن يَأۡتِيَهُمُ ٱللَّهُ فِي ظُلَلٖ مِّنَ ٱلۡغَمَامِ وَٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ / ئۇلار (يەنى ئسلامغا كىرىشنى تەرك ئەتكەنلەر) پەقەت ئاللاھنىڭ (قىيامەت كۈنى خالايىقنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن) بۇلۇت پارچىلىرى ئىچىدە كېلىشىنى، پەرىشتىلەرنىڭ كېلىشىنى ۋە (خالايىقنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلىپ، بىر گۇرۇھ جەننەتىي، بىر گۇرۇھ دوزىخىي بولۇپ ئايرىلىش بىلەن خالايىقنىڭ) ئىشىنىڭ پۈتۈشىنى كۈتەمدۇ؟﴾(2/«بەقەرە»: 210). ئاللاھ تائالا يەنە ئېيتىدۇ: ﴿ثُمَّ ٱسۡتَوَىٰٓ إِلَى ٱلسَّمَآءِ وَهِيَ دُخَانٞ فَقَالَ لَهَا وَلِلۡأَرۡضِ ٱئۡتِيَا طَوۡعًا أَوۡ كَرۡهٗا قَالَتَآ أَتَيۡنَا طَآئِعِينَ / ئاندىن ئۇ ئاسماننى (يارىتىشقا) يۈزلەندى، ھالبۇكى، ئۇ تۇمان ھالىتىدە ئىدى، ئاسمان بىلەن زېمىنغا: «ئىختىيارىي ياكى ئىختىيارسىز ھالدا كېلىڭلار (يەنى ئەمرىمنى قوبۇل قىلىڭلار)» دېدى. ئىككىلىسى «ئىختىيارىي كەلدۇق» دېدىلەر﴾(41/«فۇسسىلەت»: 11).

[243] سەلەفىيلەر ئاللاھ تائالانىڭ سۈپەتلىرى ياكى ھاللىرى توغرىسىدا «قۇرئان كەرىم»دە ياكى سۈننەتتە كەلگەننىڭ ھەممىسىنى مۇشۇنداق ئىسپاتلايدۇ. دېمەك، ئۇلار ئاللاھقا مۇھەببەت ۋە غەزەپ، ئاچچىقلىنىش ۋە رازى بولۇش، نىدا قىلىش ۋە سۆز قىلىشنى، بۇلۇت پارچىلىرى ئىچىدە كىشىلەرگە چۈشۈشنى ئىسپاتلايدۇ، يەنە ئەرش ئۈستىدە قارار ئېلىشنى، يۈز ۋە قولنى ئىسپاتلايدۇ، بۇلارنى تەئۋىل قىلمايدۇ ۋە زاھىرنىڭ غەيرى بىلەنمۇ تەفسىرلىمەيدۇ. لېكىن: «بۇ — ھادىسلارنىڭ ئەھۋالىدەك ئەمەستۇر، ئاللاھنىڭ قولى ھادىسلارنىڭ قولىغا ئوخشىمايدۇ، ئاللاھنىڭ چۈشۈشى ئۇلارنىڭ چۈشۈشىگە ئوخشىمايدۇ، ئاللاھنىڭ يۈزى ئۇلارنىڭ يۈزىگە ئوخشىمايدۇ، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئوخشاپ قېلىشتىن پاكتۇر» دەيدۇ. ئىمام ئىبنى تەيمىييە ئەنە شۇ مېتودنى سەلەف سالىھلەرنىڭ مېتودى دەپ قارايدۇ ۋە بۇ ھەقتە دەيدۇكى: «توغرىسى ھىدايەت ئىماملىرىنىڭ ماڭغان يولىدۇر. ئۇ يول بولسىمۇ ‹قۇرئان كەرىم› ۋە ھەدىستىن ھالقىپ كەتمەستىن، ئاللاھ تائالانى ئاللاھ ئۆزى سۈپەتلىگەن ياكى ئۇنىڭ پەيغەمبىرى سۈپەتلىگەن نەرسە بىلەن سۈپەتلەشتۇر، ئەھلى ئىلىم ۋە ئەھلى ئىمان بولغان ئۆتكەنكى سەلەفلەرنىڭ يولىغا ئەگىشىشتۇر. كىتاب ۋە سۈننەتتىن چۈشىنىلگەن مەنىلەر شۈبھىلەر بىلەن رەت قىلىنمايدۇ. كىتاب ۋە سۈننەتتىن چۈشىنىلگەن مەنىلەرنى شۈبھىلەر بىلەن رەت قىلىش كەلىمەلەرنى ئۆز ئورنىدىن يۆتكىگەنلىك جۈملىسىدىن بولىدۇ. بۇ مەنىلەردىن يۈز ئۆرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈگەن ئادەم ﴿وَٱلَّذِينَ إِذَا ذُكِّرُواْ بِـَٔايَٰتِ رَبِّهِمۡ لَمۡ يَخِرُّواْ عَلَيۡهَا صُمّٗا وَعُمۡيَانٗا / ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى بىلەن ۋەز – نەسىھەت قىلىنسا، گاس، كور بولىۋالىدىغانلار﴾(25/«فۇرقان»: 73)نىڭ جۈملىسىدىن بولىدۇ. قۇرئان ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىشنى تەرك ئېتىشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، ﴿وَمِنۡهُمۡ أُمِّيُّونَ لَا يَعۡلَمُونَ ٱلۡكِتَٰبَ إِلَّآ أَمَانِيَّ وَإِنۡ هُمۡ إِلَّا يَظُنُّونَ / كىتابنى بىلمەيدىغان، ئويدۇرمىلارنىلا بىلىدىغانلار﴾(2/«بەقەرە»: 78)نىڭ جۈملىسىدىن بولىدۇ»7).

ئىمام ئىبنى تەيمىييەنىڭ قارىشىچە، سەلەف سالىھلەرنىڭ مەزھەبى: قولنى قانداقلىقىنى سۈرۈشتۈرمەستىن ۋە ئوخشاتماستىن، يۈزنىمۇ قانداقلىقىنى سۈرۈشتۈرمەستىن، شۇنداقلا ئۈستتە بولۇش، چۈشۈش ۋە ئۇندىن باشقا قۇرئانىي نەسلەرنىڭ زاھىرلىرىنى ئاللاھقا ئىسپاتلاشتۇر. ئۇ مەجازىي بولسىمۇ زاھىر مەنىلەرنى ئەمەش، لۇغەت جەھەتتىن زاھىر مەنىلەرنى دېمەكچى. قىلىشتۇر. ئىمام ئىبنى تەيمىييە ئەنە شۇ مەزھەبنى مۇجەسسىمەمۇ ئەمەس، مۇئەتتىلە8)مۇ ئەمەس دەپ سانايدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە دەيدۇكى:

«سەلەفنىڭ مەزھەبى تەئتىل بىلەن تەشبىھ (ئىنكار قىلىش بىلەن ئوخشىتىش) ئوتتۇرىسىدىدۇر. ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ زاتىنى ئۇنىڭ مەخلۇقاتىنىڭ زاتلىرىغا ئوخشاتمىغاندەك، ئاللاھ تائالانىڭ سۈپەتلىرىنىمۇ ئۇنىڭ مەخلۇقاتىنىڭ سۈپەتلىرىگە ئوخشاتمايدۇ ھەمدە ئاللاھ تائالا ئۆزىنى سۈپەتلىگەن ياكى ئۇنىڭ پەيغەمبىرى سۈپەتلىگەن سۈپەتلەرنى يوققا چىقارمايدۇ، ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى ۋە ئالىي سۈپەتلىرىنى ئىنكار قىلمايدۇ، كەلىمەلەرنى ئۆز ئورۇنلىرىدىن يۆتكىمەيدۇ، ئاللاھنىڭ ئىسىملىرى ۋە ئايەتلىرىنى كەلسە – كەلمەس ئىشلەتمەيدۇ، مۇئەتتىلە بىلەن مۇشەببىھەنىڭ ھەربىرى تەئتىل بىلەن تەشبىھنى جەملىگۈچىدۇر».

ئۇ بۇ مەنىنى تەكرارلايدۇ ۋە ئاللاھنىڭ چۈشىدىغانلىقى، ئۈستتىمۇ، ئاستتىمۇ بولىدىغانلىقى، قانداقلىقى سۈرۈشتۈرۈلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئېيتىدۇكى:

«نە ئاللاھ تائالانىڭ كىتابىدا، نە رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىدە، نە ئۈممەتنىڭ سەلەفلىرىدىن، نە ساھابە – تابىئىندىن، نە ھاۋايى – ھەۋەس ۋە ئىختىلاپ زامانىدا ياشىغان ئىماملاردىن بىرەركىمنىڭ سۆزىدە ئەنە شۇنىڭغا ئوچۇق – ئاشكارا خىلاپ كېلىدىغان بىرمۇ ھەرپ يوق، ئۇلاردىن ھېچكىم: ›ئاللاھ ئاسماندا ئەمەس‹، ›ئاللاھ ئەرش ئۈستىدە ئەمەس‹، ›ئاللاھ ھەممە جايدا‹، ›ھەممە جايلار ئاللاھقا نىسبەتەن باراۋەر‹، ›ئاللاھ ئالەمنىڭ ئىچىدىمۇ ئەمەس، تېشىدىمۇ ئەمەس، ئاللاھ مۇتتەسىلمۇ ئەمەس، مۇنفەسىلمۇ ئەمەس9)‹ دېگەن گەپنى دېمىدى ھەمدە ›ئاللاھقا بارماق ۋە شۇنىڭغا ئوخشايدىغان نەرسىلەر بىلەن ئىشارەت قىلىش دۇرۇس ئەمەس‹ دېگەن گەپنىمۇ دېمىدى»10).

[244] بۇنىڭغا بىنائەن، ئىمام ئىبنى تەيمىييە شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇكى، سەلەفنىڭ مەزھەبى «قۇرئان»دا (ئاللاھ ھەققىدە) كەلگەن ئۈستتە بولۇش، ئاستتا بولۇش، «الْاِسْتِوَاءُ عَلَى الْعَرْشِ (ئەرش ئۈستىدە ئىستىۋاﺋ قىلىش)»، «الْوَجْهُ (يۈز)»، «الْيَدُ (قول)»، ياخشى كۆرۈش ۋە ئۆچ كۆرۈش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى، يەنە سۈننەتتە كەلگەن شۇنىڭغا ئوخشايدىغانلارنىڭ ھەممىسىنى تەئۋىل قىلماستىن، يۈزەكى زاھىر مەنىسى بىلەن ئىسپاتلاشتۇر. ئۇنداقتا بۇ راستتىنلا سەلەفنىڭ مەزھەبىمۇ؟ بۇنىڭغا جاۋابەن ئېيتىمىزكى، يۇقىرىدا بايان قىلغىنىمىزدەك، ئىمام ئىبنى تەيمىييەدىن بۇرۇنمۇ ھىجرىيە 4 – ئەسىردە مۇشۇنداق قاراشتىكى ھەنبەلىيلەر بار ئىدى، ئۇلار ئەنە شۇلارنى «سەلەفنىڭ مەزھەبى» دەپ دەۋا قىلغان. شۇ ۋاقىتتىكى ئالىملار ئۇلار بىلەن مۇنازىرىلەشكەن ۋە ئۇلارنىڭ دېگەنلىرىنىڭ ئېنىقلا (ئاللاھنى غەيرىگە) ئوخشىتىشقا ۋە جىسىملاشتۇرۇشقا ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. ئاللاھقا قول بىلەن ئىشارەت قىلىش جائىز بولىدىغان ئەھۋالدا، قانداقمۇ ئۇنىڭغا ئېلىپ بارمىسۇن؟! شۇڭا ئۇستا ناتىق ھەنبەلىي فەقىھ ئىمام ئىبنۇلجەۋزىي11) ئۇلارغا قارشى قوپقان ۋە ئۇنىڭ سەلەفنىڭ مەزھەبى بولۇشىنى رەت قىلغان ۋە يەنە ئۇنىڭ ئىمام ئەھمەدنىڭ قارىشى بولۇشىنىمۇ رەت قىلغان. بۇ ھەقتە ئىمام ئىبنۇلجەۋزىي مۇنداق دېگەن:

«بىزنىڭ ئەھلى مەزھەب ئىچىدە ئەقىدە ھەققىدە ناتوغرا گەپلەرنى قىلغانلارنى كۆردۈم… ئۇلار مەزھەبنى خۇنۈكلەشتۈرىدىغان بىرمۇنچە كىتابلارنى يازدى. مەن ئۇلارنىڭ ئاۋامنىڭ دەرىجىسىگە چۈشۈپ قالغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇلار سۈپەتلەرنى سەزگۈنىڭ تەقەززاسىغا بويسۇندۇردى. ئۇلار ‹خَلَقَ اللهُ آدَمَ عَلَى صُوْرَتِهِ›نى ئاڭلاپ، ئاللاھقا سۈرەتنى، زاتتىن ئارتۇق يۈزنى، ئېغىزنى، كىچىك تىلنى، ئېغىز چىشلارنى، يۈز نۇرلىرىنى، ئىككى قولنى، ئىككى بارماقنى، ئالىقان، چىمچىلاق ۋە باش بارماقنى، كۆكرەك، يوتا، ئىككى پاچاق ۋە ئىككى پۇتنى ئىسپاتلىدى. ئۇلار: ‹باشنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىدۇق (ئەگەر بولغان بولسا ئۇنىمۇ قوشاتتۇق)› دېدى. ئۇلار ئىسىم ۋە سۈپەتلەردە زاھىرغا ئېسىلىپ، ئۇ نەرسىلەرنى بىدئەتچىلەرچە ‹سۈپەتلەر› دەپ ئاتىدى. ئۇلارنىڭ بۇنىڭدا نەقىلدىنمۇ، ئەقىلدىنمۇ دەلىلى يوق. ئۇلار (دىققەتنى) زاھىر مەنىلەردىن ئاللاھ تائالاغا ۋاجىب بولغان مەنىلەرگە بۇرايدىغان نەسلەرگە قارىمىدى ۋە يەنە زاھىر مەنىلەردىن زاھىر مەنىلەر كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ھادىسىي سۈپەتلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا بۇرايدىغان نەسلەرگە قارىمىدى. ئۇلار: «زاتنىڭ سۈپىتى» دېيىش بىلەن قانائەت قىلمىدى. ئاندىن ئۇلار ئۇ نەرسىلەرنىڭ سۈپەت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن: «بىز ئۇ سۈپەتلەرنى ئېھتىماللىق مەنىسىگە قاراتمايمىز، مەسىلەن، ›الْيَدُ (قول)›نى نېئمەت ۋە قۇدرەتكە، ›الْمَجِيءُ، الْإِتْيَانُ (كېلىش)›نى ياخشىلىق قىلىش ۋە مەرھەمەت قىلىش مەنىلىرىگە، ›اَلسَّاقُ (پاچاق)›نى شىددەتكە قاراتمايمىز» دەيدۇ. بەلكى ئۇلار: ‹ئۇلارنى ئادەتتە كۆنۈلگەن زاھىر مەنىلىرىگە قارىتىمىز› دەيدۇ. زاھىر مەنە دېگەن ئادەملەرنىڭ مەلۇملۇق سۈپەتلىرىدۇر، بىرنەرسە ئىمكانقەدەر ئەسل مەنىسىگە قارىتىلىدۇ، ئەگەر بىرەر چەكلىگۈچى ئامىل بولسا، مەجازغا قارىتىلىدۇ. ئۇلار ئوخشىتىشتىن كۆڭلى سىقىلىدىغان ۋە ئوخشىتىشنى ئۆزلىرىگىمۇ مەنسۇپ قىلىشقا ئۇنىمايدىغان تۇرۇپ، ئاللاھنى (غەيرىگە) ئوخشاتتى. ئۇلار: ‹بىز ئەھلىسۈننەت› دەيدۇ. ئۇلارنىڭ سۆزلىرى (ئاللاھنى غەيرىگە) ئوخشىتىشتا ئوچۇقتۇر. ئاۋامدىن بىر توپ كىشىلەر ئۇلارغا ئەگەشتى. مەن ئەگەشكۈچىگىمۇ، ئەگەشتۈرگۈچىگىمۇ نەسىھەت قىلدىم ۋە مۇنداق دېدىم: ‹ھەي يارەنلەر! سىلەر (بىر ئىمامغا، بىر مەزھەبكە) ئەگەشكۈچى كىشىلەردۇرسىلەر، سىلەرنىڭ ئەڭ چوڭ ئىمامىڭلار ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل — ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن! — قامچا ئاستىدا تۇرۇپمۇ: ”پەيغەمبەر دېمىگەننى قانداق دەيمەن“ دېگەنىدى. مەزھەبىڭلاردا بولمىغان ئىشلارنى پەيدا قىلىشتىن ساقلىنىڭلار. سىلەر: ”سۆزلەر زاھىرلىرىغا قارىتىلىدۇ“ دېدىڭلار. دېمەك، (سىلەرچە) قەدەمنىڭ زاھىرى ماڭىدىغان ئەزا دېمەكتۇر. كىمكى: ”ئاللاھ مۇقەددەس زاتى بىلەن (ئەرش ئۈستىدە) ئورۇن ئالدى“ دېسە، ئاللاھ تائالانى ماددىياتنىڭ ئورنىغا چۈشۈرۈپ قويغان بولىدۇ. ئەقىلگە سەل قارىماسلىق كېرەك. شۇ ئەقىل بىلەن ھەقىقەت ئىسپاتلىنىدۇ. بىز ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالانى شۇ ئەقىل بىلەن تونۇدۇق ۋە ئۇنىڭ قەدىملىكىگە ھۆكۈم قىلدۇق. ئەگەر سىلەر: ”سۆزلەرنى ئوقۇيمىز، (مۇتەشابىھ تەرەپلىرىگە) سۈكۈت قىلىمىز“ دېگەن بولساڭلار، سىلەرنى ھېچكىم ئەيبلىمىگەن بولاتتى. سىلەرنىڭ ئۇ سۆزلەرنى زاھىرغا قارىتىۋېلىشىڭلار قەبىھتۇر. سىلەر بۇ سەلەفچە كىشىنىڭ (يەنى ئىمام ئەھمەدنىڭ) مەزھەبىگە ئۇنىڭدا بولمىغان نەرسىلەرنى كىرگۈزمەڭلار›»12).

ئىبنۇلجەۋزىي ئۇلارنىڭ تايانغان سۆزلىرىنىڭ باتىللىقىنى بايان قىلىش ئۈچۈن كەڭ توختالغان. ئىبنۇلجەۋزىي تەنقىدلىگەن شۇ سۆزنى ھ. 457 – يىلى ۋاپات تاپقان مەشھۇر ھەنبەلىي فەقىھ قازىي ئەبۇ يەئلا دېگەن ۋە قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىغان. ئۇ ھەقتە ھەنبەلىيلەرنىڭ بەزى فۇقەھائلىرى: «ئەبۇ يەئلا دېڭىزلارنىڭ سۈيىمۇ يۇيالمىغۇدەك دەرىجىدە ھەنبەلىيلەرنىڭ يۈزىگە داغ چۈشۈردى» دېگەنىدى. يۇقىرىقىدەك سۆزنى ھەنبەلىيلەردىن ھ. 527 – يىلى ۋاپات بولغان ئىبنى زاغۇنىيمۇ دېگەن بولۇپ، ئىبنى زاغۇنىي ھەققىدە يەنە بەزى ھەنبەلىيلەر: «ئۇنىڭ سۆزىدە زېرەك ئادەمنىمۇ گاڭگىرىتىپ قويغۇدەك غارايىپ ئوخشىتىش بار» دېگەنىدى. بۇ يۆنىلىش تۆتىنچى ۋە بەشىنچى ئەسىردە تارقالغان چاغدىلا ئۇنى ھەنبەلىيلەر تەنقىدلىگەن. شۇڭلاشقا، بۇ مەزھەب تا ئىمام ئىبنى تەيمىييە جۈرئەت قىلىپ جاكارلىغانغا قەدەر يېپىق قالغان. ئىمام ئىبنى تەيمىييە جاكارلىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ شۇ قاراشلىرى سەۋەبلىك زۇلۇمغا ئۇچرىشى ئۇ قاراشلارنىڭ تارقىلىشىنى ئاشۇرغان. چۈنكى، زۇلۇم پىكىر – قاراشلارنى تارقىتىپ كېڭەيتىدۇ. شۇڭا، پىكىرنىڭ كەڭ تارقىلىشقا ئېرىشىشى ۋە زۇلۇم سەۋەبىدىن، ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى كۆپەيگەن.

[245] مەن بۇ يەردە «مۇشۇ سەلەفنىڭ مەزھەبى» دېگەن دەۋانىڭ تەكشۈرۈپ كۆرۈشكە تېگىشلىك بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىشىم كېرەك دەپ قارايمەن. بىز يۇقىرىدا ئىبنۇلجەۋزىينىڭ مەزكۇر پىكىر ئۇنىڭ دەۋرىدە تارقالغان چاغدىكى قارىشىنى كۆرۈپ ئۆتتۇق.

بىز يەنە تىل جەھەتتىنمۇ تەكشۈرۈپ كۆرۈشىمىز لازىم. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا: ﴿يَدُ ٱللَّهِ فَوۡقَ أَيۡدِيهِمۡۚ / ئاللاھنىڭ قولى ئۇلارنىڭ قوللىرىنىڭ ئۈستىدىدۇر﴾(48/«فەتىھ»: 10) دېگەن. يەنە: ﴿كُلُّ شَيۡءٍ هَالِكٌ إِلَّا وَجۡهَهُ / ئۇنىڭ يۈزىدىن باشقا، ھەممە نەرسە ھالاك بولغۇچىدۇر﴾(28/«قەسەس»: 88) دېگەن. مۇشۇ ئىبارىلەردىن شۇ ھېسسىي مەنىلەر چۈشىنىلەمدۇ؟ ياكى ئۇنىڭدىن ئاللاھ تائالانىڭ زاتىغا لايىق باشقىچە مەنىلەر چۈشىنىلەمدۇ؟ ئەگەر باشقىچە مەنىلەر چۈشىنىلىپ قالسا، قولنىڭ «كۈچ ياكى نېئمەت» دەپ تەفسىرلىنىشى دۇرۇستۇر، يۈزنىڭ «زات» دەپ تەفسىرلىنىشى دۇرۇستۇر، دۇنيا ئاسمىنىغا چۈشۈشنىڭ «ئاللاھ تائالانىڭ ھېسابىنىڭ يېقىنلىشىشى ۋە ئاللاھنىڭ بەندىلەرگە يېقىن بولۇشى» دېگەن مەنىدە تەفسىرلىنىشى دۇرۇستۇر. تىل مۇشۇ تەفسىرلەشلەرنى سىغدۇرىدۇ، كەلىمەلەر مۇشۇ مەنىلەرنى قوبۇل قىلىدۇ.

ئىلمى كالام ئالىملىرىدىن، فۇقەھائدىن ۋە تەتقىقاتچىلاردىن نۇرغۇنلار شۇنداق قىلغان. شەكسىزكى، مۇشۇنداق قىلىش ئىبارىلەرنى يۈزەكى زاھىر مەنىلىرى بىلەن تەفسىرلىگەندىن ۋە ئۇ مەنىلەرنىڭ قانداقلىقىنى بىلمىگەندىن ئەۋزەلدۇر. مەسىلەن، ئۇلار دەيدۇ: «ئاللاھنىڭ قولى بار، لېكىن بىز ئۇنىڭ قانداقلىقىنى بىلمەيمىز، ئاللاھنىڭ قولى ھادىسلارنىڭ قولىغا ئوخشىمايدۇ؛ ئاللاھنىڭ چۈشۈشى بار، بىزنىڭ چۈشۈشىمىزگە ئوخشىمايدۇ، ۋەھاكازالار». شۈبھىسىزكى، بۇ ئۇشبۇ ئىبارىلەرنى بىز ھېچ چۈشەنمەيدىغان مەجھۇلات دۇنياسىغا ھاۋالە قىلغانلىقتۇر. بىز ئەگەر ئۇنى تىل قوبۇل قىلغۇدەك ۋە تىلغا يات بولمىغان مەنىلەر بىلەن تەفسىرلىسەك، ئەلبەتتە ئاللاھنى پاكلاشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە نادان قالدۇرۇش بولمىغان مەنىلەرگە يېتەلەيمىز.

تەئۋىل ۋە تەفۋىز

[246] بۇ ھەقىقەتەن ئىمام ئىبنى تەيمىييەنى ئەڭ ساغلام يول تەفۋىز دېگەن قاراشقا ئېلىپ بارىدۇ. ئۇ تەفۋىزنى دەۋا قىلىدۇ ۋە ئۇنى سەلەف سالىھقا نىسبەت بېرىدۇ(13). ئۇ لەفزلەرنىڭ يۈزەكى زاھىر مەنىلىرىگە ئېسىلىدۇ ۋە لەفزلەرنى ئەسلى دالالەتتىكى زاھىر مەنىلىرىدە قوللىنىدۇ، لېكىن ئۇ بۇ مەنىلەرنى ھادىسلارغا ئوخشىمايدۇ دەپ ئىزاھلايدۇ ۋە شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ مەنىلەرنى تەفۋىز قىلىدۇ، تەفسىرلىمەيدۇ، «تەفسىرلەشكە ئۇرۇنۇش ئازغۇنلۇقتۇر» دەيدۇ. ئۇ بۇنىڭدا ئاللاھ تائالانىڭ ئۇشبۇ سۆزىگە تايىنىدۇ: ﴿هُوَ ٱلَّذِيٓ أَنزَلَ عَلَيۡكَ ٱلۡكِتَٰبَ مِنۡهُ ءَايَٰتٞ مُّحۡكَمَٰتٌ هُنَّ أُمُّ ٱلۡكِتَٰبِ وَأُخَرُ مُتَشَٰبِهَٰتٞۖ فَأَمَّا ٱلَّذِينَ فِي قُلُوبِهِمۡ زَيۡغٞ فَيَتَّبِعُونَ مَا تَشَٰبَهَ مِنۡهُ ٱبۡتِغَآءَ ٱلۡفِتۡنَةِ وَٱبۡتِغَآءَ تَأۡوِيلِهِۦۖ وَمَا يَعۡلَمُ تَأۡوِيلَهُۥٓ إِلَّا ٱللَّهُۗ وَٱلرَّٰسِخُونَ فِي ٱلۡعِلۡمِ يَقُولُونَ ءَامَنَّا بِهِۦ كُلّٞ مِّنۡ عِندِ رَبِّنَاۗ وَمَا يَذَّكَّرُ إِلَّآ أُوْلُواْ ٱلۡأَلۡبَٰبِ / (ئى پەيغەمبەر!) ئۇ (ئاللاھ) ساڭا كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) نازىل قىلدى. ئۇنىڭدا مۇھكەم (قاراتمىلىقى ئېنىق) ئايەتلەر باركى، ئۇلار كىتابنىڭ (يەنى پۈتۈن قۇرئاننىڭ) ئاساسىدۇر؛ يەنە باشقا مۇتەشابىھ (قاراتمىلىقى نائېنىق) ئايەتلەر باردۇر. دىللىرىدا ئەگرىلىك بار (يەنى گۇمراھلىققا مايىل) كىشىلەر فىتنە قوزغاش ۋە ئۆز رايى بويىچە مەنە بېرىش ئۈچۈن، مۇتەشابىھ ئايەتلەرگە ئەگىشىدۇ (يەنى مۇتەشابىھ ئايەتلەرنى ئۆز نەفسى خاھىشى بويىچە چۈشەندۈرىدۇ). بۇنداق ئايەتلەرنىڭ (ھەقىقىي) مەنىسىنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ. ئىلىمدە توشقانلار ئېيتىدۇ: «ئۇنىڭغا ئىشەندۇق، ھەممىسى پەرۋەردىگارىمىز تەرىپىدىن نازىل بولغان. (بۇنى) پەقەت ئەقىل ئىگىلىرىلا چۈشىنىدۇ﴾(3/«ئال ئىمران»: 7).

ئىمام ئىبنى تەيمىييە بۇ ئارقىلىق تەفسىر بىلەن تەفۋىز ئارىسىنى جەملىدىم دەپ قارايدۇ. چۈنكى، ئۇ زاھىر مەنە بىلەن تەفسىرلەيدۇ ۋە ھادىسلاردىن تەنزىھ قىلىدۇ، تەپسىلات ۋە سۈپەتتە تەفۋىز قىلىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ساھابەلەر «الْيَدُ»، «اَلرِّجْلُ»، «الْوَجْهُ»، «الْاِسْتِوَاءُ»، «اَلنُّزُوْلُ» ۋە ئۇنىڭدىن باشقا سۈپەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇتەشابىھ ئايەتلەرنىڭ مەنىلىرىنى بىلەتتى، ئۇلار ئۇ ئايەتلەرنى زاھىر مەنىلىرىدە بىلەتتى ۋە زاتنىڭ ھەقىقىتىنى بىلىشكە ئۇرۇنمىغاندەك، ئۇ سۈپەتلەرنىڭ قانداقلىقىنى بىلىشكە ئۇرۇنمىغان ئىدى.

مانا بۇ ئىمام ئىبنى تەيمىييە «سەلەفنىڭ مەزھەبى» دەپ بايان قىلغان قاراشلاردۇر. لېكىن، بۇنىڭغا ئىمام غەززالىي قوشۇلمايدىغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ «ئىلجامۇلئاۋام ئەن ئىلمىلكالام (إلجام العوام عن علم الكلام)» دېگەن كىتابىدا بايان قىلىدۇكى: «قۇرئان» ئايەتلىرىدە ۋە پەيغەمبەر ھەدىسلىرىدە كەلگەن بۇ لەفزلەرنىڭ زاھىر مەنىلىرىمۇ بار، ئۇ مەنىلىرى بولسا بىز كۆرۈۋاتقان ھېسسىي نەرسىلەر بولۇپ، بۇ مەنىلەر ئاللاھ تائالاغا مۇھالدۇر، شۇنداقلا ئۇ كەلىمەلەرنىڭ يەنە باشقا مەشھۇر مەجازىي مەنىلىرىمۇ بار بولۇپ، بۇ مەنىلەرنى بىر ئەرەب تەئۋىلسىزمۇ ۋە تەفسىرلەشكە ئۇرۇنماستىنمۇ بىلەلەيدۇ. غەززالىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

«ئاللاھنى پاكلاشنىڭ مەنىسى شۇكى، بىركىم پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: ‹إنَّ اللهَ خَمَّرَ طِينَةَ آدَمَ بِيَدِهِ أَرْبَعِينَ صَبَاحًا / ئاللاھ ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ لېيىنى ئۆز قولى بىلەن قىرىق كۈن ئېچىتقان›14) ‹إِنَّ قُلُوبَ بَنِى آدَمَ كُلَّهَا بَيْنَ إِصْبَعَيْنِ مِنْ أَصَابِعِ الرَّحْمَنِ / ئادەم بالىسىنىڭ قەلبى رەھماننىڭ بارماقلىرىدىن ئىككى بارماق ئارىسىدىدۇر›15) دېگەن سۆزىدىكى ‹الْيَدُ (قول)› ۋە ‹الْإِصْبَعُ (بارماق)›نى ئاڭلىغىنىدا شۇنى بىلمىكى زۆرۈردۇركى، بۇ لەفزلەر ئىككى خىل مەنىدە قوللىنىلىدۇ. بىرى، ئەسلىي تەيىنلىنىشتىكى مەنە. ئۇ بولسىمۇ گۆش، سۆڭەك ۋە پەيدىن تۈزۈلگەن بىر ئەزا. گۆش، سۆڭەك، پەيلەر دېگەننىڭ مەخسۇس جىسمى ۋە مەخسۇس سۈپەتلىرى بار. جىسىم دېمەك ئۇزۇنلۇق، كەڭلىك ۋە چوڭقۇرلۇققا ئىگە بىر مىقداردىن ئىبارەت بولۇپ، جىسىم دېگەن مەلۇم بوشلۇقنى ئىگىلەيدۇ ۋە ئۆزىدىن باشقىنى شۇ بوشلۇقتىن چەكلەيدۇ. گاھىدا بۇ لەفز يەنى ‹اليد (قول)› باشقا مەنىگىمۇ ئىستىئارە ئېلىنىدۇ. بۇ ئىككىنچى مەنە ئەسلا جىسىم ئەمەس، خۇددى ‹البلدة في يد الأمير (شەھەر ئەمىرنىڭ قولىدا)› دېگەنگە ئوخشايدۇ. ئەگەرچەندە شۇ ئەمىر قولى كېسىك بىرى بولغان تەقدىردىمۇ، بۇ گەپ چۈشىنىشلىكتۇر. ساۋاتسىز ۋە ساۋاتلىق ھەربىر كىشى شۇنى ئېنىق ۋە قەتئىي بىلىشى كېرەككى، رەسۇل سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىرىنچى مەنىنى مەقسەت قىلمىغان. ئاللاھ ئۇنداق بولۇشتىن پاكتۇر. ئەگەر ئۇ كىشىنىڭ كۆڭلىگە ئاللاھنىڭ ئەزالاردىن تەركىب تاپقان بىر جىسىم ئىكەنلىكى كېلىپ قالسا، ئۇ ئادەم بىر بۇتقا ئىبادەت قىلغۇچى دېمەكتۇر. ھەرقانداق بىر جىسىم مەخلۇقتۇر. مەخلۇققا ئىبادەت قىلىش كۇفۇرلۇقتۇر. بۇتقا ئىبادەت قىلىش ئۇنىڭ بىر مەخلۇق بولغانلىقى ئۈچۈن كۇفۇرلۇق بولغان»16).

بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، ھۆججەتۇلئىسلام غەززالىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ لەفزلەرنىڭ مەنىلىرىنى ناھايىتى روشەن مەشھۇر مەجازىي مەنىسى بىلەن بايان قىلىدۇ. شەكسىزكى، تىلنىڭ مەجازىي مەنىلىرى بىلەن ئەسلىي مەنىلىرىنى چۈشىنىدىغان سەلەف سالىھلەر بۇ لەفزلەرنى ئۆزلىرى ئىشلىتىپ كەلگەن مەشھۇر مەجازىي مەنىلىرىدىمۇ قوللىناتتى. دەرەخ ئاستىدا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە بەيئەت بەرگەن كىشىلەر ئاللاھ تائالانىڭ ﴿إِنَّ ٱلَّذِينَ يُبَايِعُونَكَ إِنَّمَا يُبَايِعُونَ ٱللَّهَ يَدُ ٱللَّهِ فَوۡقَ أَيۡدِيهِمۡۚ فَمَن نَّكَثَ فَإِنَّمَا يَنكُثُ عَلَىٰ نَفۡسِهِۦۖ وَمَنۡ أَوۡفَىٰ بِمَا عَٰهَدَ عَلَيۡهُ ٱللَّهَ فَسَيُؤۡتِيهِ أَجۡرًا عَظِيمٗا /شۈبھىسىزكى، (ئى پەيغەمبەر! ھۇدەيبىيەدە) ساڭا بەيئەت قىلغانلار (ھەقىقەتتە) ئاللاھقا بەيئەت قىلغان بولىدۇ، ئاللاھنىڭ قولى ئۇلارنىڭ قوللىرىنىڭ ئۈستىدىدۇر، كىمكى ئەھدىنى بۇزىدىكەن، ئەھدىنى بۇزغانلىقىنىڭ زىيىنى ئۇنىڭ ئۆزىگە بولىدۇ، ئاللاھ بىلەن قىلغان ئەھدىسىگە ۋاپا قىلغانلارغا ئاللاھ بۈيۈك ئەجىر ئاتا قىلىدۇ﴾(48/«فەتىھ»: 10) دېگەن سۆزىنى تىلاۋەت قىلغانلىرىدا، بۇ يەردىكى قول «مەخلۇقاتنىڭ قولىغا ئوخشاش ئەمەس» دەپ چۈشەنگەنلىكىنى، ئەمما بەيئەتنى بۇزغۇچىغا بەيئەتنى بۇزغانلىقىنىڭ ۋابالى بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئايەتتىكى تەھدىتكە ئاساسەن، (بۇ يەردە قولدىن) مەقسەت ئاللاھنىڭ سەلتەنىتى ۋە قۇدرىتى دەپ چۈشەنمىگەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولامدۇ؟!

شۇڭا، بىز ئىمام ماتۇرىيدىينىڭ يولىنى، ئىبنۇلجەۋزىينىڭ يولىنى ۋە غەززالىينىڭ يولىنى تەرجىھ قىلىمىز. بىز شۇنى روشەن كۆرىمىزكى، ساھابەلەر ئەسلىي مەنا بىلەن تەفسىرلىگەندەك، ئەگەر ئەسلىي مەنىنى قوللىنىش قىيىن بولسا، مەجازىي مەنا بىلەنمۇ تەفسىرلەيتتى.

«قۇرئان كەرىم»نىڭ مەخلۇق ياكى مەخلۇق ئەمەسلىكى

[247] سۈپەتلەر ھەققىدە گەپ قىلىۋېتىپ، «قۇرئان كەرىم»نىڭ مەخلۇقلۇقى ياكى مەخلۇق ئەمەسلىكى توغرىسىدا گەپ قىلىشقا ئۆتۈپ قالدۇق. ئۆزلىرىنى ئۆتمۈشتىمۇ ۋە ھازىرقى دەۋردىمۇ «سەلەفىيلەر» دەپ ئاتىۋالغان ئەنە شۇ سەلەفىيلەر ھەقىقەتەن بۇ مەسىلىگە ئىچكىرىلەپ كىرگەن. ئۇلار مۇنداق مۇئەييەنلەشتۈرگەن: «قۇرئان كەرىم ئاللاھ تائالانىڭ سۆزى بولۇپ، ئاللاھ ئۇنى سۆزلىگەن ۋە ئۇنى ئۇلۇغ پەيغەمبىرىمىزگە ۋەھيى قىلغان؛ قىرائەت قارىينىڭ ئاڭلىنىۋاتقان ئاۋازىدۇر، بۇنىڭغا بىنائەن، قىرائەت قۇرئان كەرىم ئەمەس، بەلكى قارىينىڭ تىلاۋىتىدۇر، قۇرئان كەرىم بولسا ئاللاھ تائالانىڭ سۆزىدۇر. شۇڭا، ئاللاھ تائالا ئېيتقانكى: ﴿وَإِنۡ أَحَدٞ مِّنَ ٱلۡمُشۡرِكِينَ ٱسۡتَجَارَكَ فَأَجِرۡهُ حَتَّىٰ يَسۡمَعَ كَلَٰمَ ٱللَّهِ ثُمَّ أَبۡلِغۡهُ مَأۡمَنَهُۥۚ /ئەگەر مۇشرىكلەردىن بىرەر كىشى سەندىن ئامانلىق تىلىسە، تاكى ئۇ ئاللاھنىڭ كالامىنى (يەنى قۇرئاننى) ئاڭلىغانغا (يەنى پىكىر قىلىپ، ئۇنىڭ ھەقىقىتىگە يەتكەنگە) قەدەر، ئۇنىڭغا ئامانلىق بەرگىن﴾(9/«تەۋبە»: 6). پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹زَيِّنُوا الْقُرْآنَ بِأَصْوَاتِكُمْ / قۇرئاننى ئاۋازىڭلار بىلەن زىننەتلەڭلار› دېگەن17). ئەبۇ مۇسا ئەلئەشئەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قىرائەت قىلىۋاتقىنىدا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىپ ئاڭلىغان. شۇنىڭ بىلەن ئەبۇ مۇسا ئەلئەشئەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ‹لَوْ عَلِمْتُ أَنَّكَ تَسْمَعُ لَحَبَّرْتُهُ لَكَ تَحْبِيْرًا / سىلىنىڭ ئاڭلاۋاتقانلىقلىرىنى بىلگەن بولسام، ئۆزلىرىگە تېخىمۇ چىرايلىق ئوقۇپ بېرەتتىم› دېگەن»18).

ئىمام ئىبنى تەيمىييە بۇ ئارقىلىق بىز يۇقىرىدا ئىشارەت قىلغان ئىمام ئەھمەدنىڭ گېپىنى دەيدۇ: سەلەفلەر ئېيتقانكى: «ئاللاھ ھەردائىم سۆزلىگۈچىدۇر، خاھلىسا ئەرەبچە سۆزلەيدۇ، خۇددى ئەرەبچە قۇرئاننى سۆزلىگەندەك. ئۇنىڭ سۆزلىگىنى ئاللاھتىن ئايرىم بىر مەخلۇق ئەمەس. ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى ۋە چۈشۈرۈلگەن كىتابلىرىدىن ئىبارەت ھەرپلەر مەخلۇق بولمايدۇ. چۈنكى، ئاللاھ ئۇلارنى سۆزلىگەندۇر».

ئىمام ئىبنى تەيمىييە «ئاللاھنىڭ كالامى بولغان ‹قۇرئان›نىڭ مەخلۇق ئەمەس بولۇشى بىلەن قەدىم بولۇشى ئارىسىدا باغلىنىش بار» دەپ قارىمايدۇ، بەلكى «‹قۇرئان› ئاللاھنىڭ كالامىدۇر، مەخلۇق ئەمەس» دەپ قارايدۇ. لېكىن، «قەدىم» دەپ ھۆكۈم قىلمايدۇ. شۇڭا، ئۇ ئېيتىدۇ: «سەلەفلەر ئاللاھنىڭ كالامىنىڭ نازىل قىلىنغانلىقىغا، مەخلۇق ئەمەسلىكىگە ئىتتىپاقلاشقان. بەزى كىشىلەر ئۇلارنىڭ مۇرادىنى قۇرئان ئەسلىدىن قەدىم دېمەكچى دەپ ئويلاپ قالغان». ئاندىن ئۇ «قۇرئان»نىڭ ئاللاھ تائالانىڭ زاتىدا قايىم بولغۇچى قەدىم كالام سۈپىتى ئەمەسلىكىنى بايان قىلىپ ئېيتىدۇكى: «دېمەك، ئاللاھنىڭ كالامى قەدىمدۇر، ھالبۇكى ئاللاھ ئۆزىنىڭ خاھلىشى ۋە قۇدرىتى بىلەن سۆزلەيدۇ. ئەگەر: ‹ئاللاھ بىر ئاۋاز بىلەن نىدا قىلىدۇ ۋە بىر ئاۋاز بىلەن سۆزلەيدۇ› دېيىلسە، بۇنىڭدىن ئاۋازنىڭ قەدىم بولۇشى لازىم كەلمەيدۇ، ئاللاھ قۇرئان كەرىمنى، تەۋراتنى، ئىنجىلنى سۆزلىگەن بولسا، ئاللاھنىڭ ›سىن‹ دىن بۇرۇن ›يا‹ نى سۆزلىشى مۇھال ئەمەس»19).

ئۇنىڭ بۇ گېپىدىن شۇ چىقىدۇكى، كالام سۈپىتى قەدىمدۇر، ئاللاھنىڭ «قۇرئان»، «تەۋرات» ۋە «ئىنجىل»غا ئوخشاش ئۆزىنىڭ مەخلۇقاتلىرىغا خىتاب قىلغان كالامى ئاللاھقا مەخلۇق ھېسابلانمايدۇ ھەم ئۇ قەدىممۇ ھېسابلانمايدۇ.

[248] مانا بۇلار «سەلەفىيلەر» دەپ ئاتالغان ۋە ئۆزلىرىنى سەلەف سالىھلەرنىڭ قاراشلىرىغا ھۆكۈم قىلىۋاتقانلىقىنى دەۋا قىلغان شۇ كىشىلەرنىڭ كۆزقاراشلىرىدۇر. ئەنە شۇلار ئۇلارنىڭ «زاتتىكى ۋەھدانىيەت» ھەققىدىكى پىكىرلىرىدۇر ۋە ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنىڭ شاخلىمىلىرىدۇر. يۇقىرىدىكى گەپلىرىمىز ئارقىلىق بۇ قاراشلارنىڭ سەلەف سالىھلەر (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن!) غا بولغان مەنسۇبىيىتىنىڭ قانچىلىك سەھىھ ئىكەنلىكى ئايان بولۇپ بولدى. بىز ئەمدى ئۇلارنىڭ ۋەھدانىيەت ھەققىدىكى قالغان قاراشلىرىغا يۆتكىلىپ، «بارلىققا كەلتۈرۈشتىكى ۋەھدانىيەت (ۋەھدانىيەتى تەكۋىن)» ھەققىدە توختىلايلى!

بارلىققا كەلتۈرۈشتىكى ۋەھدانىيەت

[249] تەۋھىدنىڭ بۇ تارمىقىدىكى ئاساس شۇكى، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ياراتتى، يارىتىشىدا ئۇنىڭ ھېچبىر شېرىكى يوقتۇر، ئۇنىڭ سەلتەنەتىدە ئۇنىڭغا ھېچبىر رىقابەتچى يوقتۇر، ياراتقۇچىنىڭ مەلۇم بىرنەرسىنى بارلىققا كەلتۈرۈشىدە، بەلكى بارلىق نەرسىلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈشىدە ۋە ئۇنىڭ بارلىق پېئىللىرىدا ئۇنىڭ ئىرادىسىدىن ئۈستۈن ياكى شېرىك بىر ئىرادە يوقتۇر، ھەممە ئىش ئۇنىڭغا قايتىدۇ.

مەجبۇرلۇق ۋە ئىختىيارلىق

مۇشۇ يەردە مەجبۇرلۇق ۋە ئىختىيارلىق مەسىلىلىرى قوزغىلىپ چىققان. يۇقىرىدا جەھمىيلەرنىڭ قارىشى بىلەن ماتۇرىيدىيلارنىڭ قارىشى روشەنلىشىپ بولدى. ئۇنداقتا، سەلەفىيلەرنىڭ قارىشى قانداق؟ ئۇلارنىڭ قارىشىنى ئىمام ئىبنى تەيمىييە تەسۋىرلەپ بېرىدۇ، ئۆزلىرىنى ھازىر مۇشۇ سۈپەت بىلەن سۈپەتلەيدىغانلار بۇ قاراشتا ئۇنىڭغا ئەگىشىدۇ.

ئىمام ئىبنى تەيمىييەنىڭ ئەشئەرىيلەرگە قارشى يول تۇتۇپ، ئۇلارغا قارشىلىقىنى جاكارلاپ، ئۇلارنى «جەبرىيلەر» دەپ ھېسابلايدىغانلىقىنى كۆردۇق. ئىمام ئىبنى تەيمىييە ئۇلارنىڭ پېئىل بىلەن كەسپ ئوتتۇرىسىنى ئايرىغانلىقىنى ئەيىبلىگەن. چۈنكى، ئۇلار پېئىلنى ئاللاھ تائالانىڭ مەخلۇقى دەپ قارىغان، كەسپنى بەندىگە ئائىت قىلغان. ئىمام ئىبنى تەيمىييەنىڭ بايان قىلىشىچە: «كەسپ ئەگەر نوقۇل بىرلىشىش (يەنى بەندىنىڭ ئىختىيارلىقى بىلەن ئاللاھنىڭ مەخلۇقى بولغان پېئىلنىڭ بىرلىشىشى) بولسا، ئۇ چاغدا كەسپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا، جازا ۋە ساۋابقا لايىقلىشىشقا سەۋەب بولالمايدۇ. ئەگەر كەسپ تەسىر كۆرسىتىش، يۈزلەندۈرۈش، ئىجاد قىلىش، پەيدا قىلىش، ياساش، قىلىش… قاتارلىقلارغا ئىگە پېئىل بولسا، شۇ چاغدا ئۇ بەندىنىڭ قۇدرىتىنىڭ ئەسەرى ۋە بەندىنىڭ پېئىلى بولالايدۇ. ئەگەر سەن ‹كەسپ ئاللاھ تائالاغا خاس› دېسەڭ، بۇ جەبرىيلىكتۇر، ئەگەر ‹بەندىگە خاس› دېسەڭ، ئۇ مۇئتەزىلىلىكتۇر».

ئۇ بۇ ماقامدا مۇئتەزىلەلەرنىڭ مەزھەبىنى ئەقىلگە ئەشئەرىيلەرنىڭ مەزھەبىدىن بەكرەك يېقىن دەپ قارىغان بولسىمۇ، يەنىلا مۇئتەزىلەلەرنى تەنقىدلەيدۇ.

[250] ئىمام ئىبنى تەيمىييە سەلەفنىڭ مەزھەبى ياخشى – يامان تەقدىرگە، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ قۇدرىتى ۋە ئىرادىسىنىڭ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىغا، بەندىنى ۋە ئۇنىڭدىكى بارچە كۈچ – قۇۋۋەتنى ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ ياراتقانلىقىغا، بەندىنىڭ ئۆزى خاھلىغان ئىشنى ئۆزىنىڭ قۇدرىتى ۋە ئىرادىسى بىلەن قىلىدىغانلىقىغا ئىمان كەلتۈرۈش ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. بۇ ھەقتە ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «شۇنى بىلىش كېرەككى، ئۈممەتنىڭ ئەۋۋەلقىلىرى بولغان سەلەفنىڭ مەزھەبى مۇنداق: ‹ئاللاھ ھەممىنى ياراتقۇچىدۇر، ئاللاھ بەندىنى چىدامسىز ياراتتى، ئۇنىڭغا يامانلىق يەتسە زارلانغۇچىدۇر، ياخشىلىق يەتسە بېخىللىق قىلغۇچىدۇر، بەندە ھەقىقەتەن خاھىش، قۇدرەت ۋە ئىرادىگە ئىگە فائىلدۇر. ئاللاھ تائالا ئېيتقانكى: ﴿لِمَن شَآءَ مِنكُمۡ أَن يَسۡتَقِيمَ ٢٨ وَمَا تَشَآءُونَ إِلَّآ أَن يَشَآءَ ٱللَّهُ رَبُّ ٱلۡعَٰلَمِينَ ٢٩ / سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىن (دىن بارىسىدا) راۋۇرۇس بولۇشنى خاھلايدىغانلارغا (قۇرئان) نەسىھەتتۇر. پەقەت ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ خاھلىغاندىلا، ئاندىن سىلەر خاھلايسىلەر (يەنى ئاللاھ خاھلىمىغۇچە سىلەرنىڭ خاھلىغىنىڭلارنىڭ ھېچ پايدىسى يوق﴾(81/«تەكۋىر»: 28، 29)›».

ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتىنى ۋە قۇدرىتىنىڭ ئومۇمىيلىقى ۋە ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ ھەمدە بەندىنىڭ قۇدرىتىنى ۋە بەندىنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ، شۇنداقلا ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتىنىڭ ئومۇمىيلىقى نەس بىلەن ئىسپاتلانغاندەك20)، بەندىنىڭ قۇدرىتى ۋە ئىرادىسىنىڭمۇ نەس بىلەن، سەزگۈ ۋە ھەقىقىي ئىختىيارلىق بىلەن ئىسپاتلانغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئىمام ئىبنى تەيمىييە مۇنداق ئۈچ ئىشنى مۇقەررەرلەشتۈرىدۇ:

بىرىنچىسى: ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ھەممە نەرسىنىڭ ياراتقۇچىسىدۇر، كائىناتتا ئۇنىڭ ئىرادىسىسىز ھېچنەرسە مەۋجۇد ئەمەس، ئۇنىڭ ئىرادىسىدە ھېچكىم ئۇنىڭ بىلەن تالىشالمايدۇ. ئىمام ئىبنى تەيمىييە بۇ جەھەتتە جەبرىيلەر بىلەن ئۇيغۇنلىشىدۇ.

ئىككىنچىسى: بەندە ھەقىقەتەن فائىلدۇر، ئۇ تولۇق خاھلاش ۋە تاللاش ئىختىيارلىقىغا ئىگە بولۇپ، بۇ ئىختىيارلىق ئۇنى قىلغان ئىشىغا جاۋابكار قىلىدۇ. ئىمام ئىبنى تەيمىييە بۇ جەھەتتە مۇئتەزىلەلەر بىلەن ئۇيغۇنلىشىدۇ.

ئۈچىنچىسى: ئاللاھ تائالا ياخشىلىقنى قىلىشنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ، ياخشىلىققا رازى بولىدۇ ۋە ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ. يامانلىقنى قىلىشنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرمەيدۇ ۋە يامانلىقنى ياخشى كۆرمەيدۇ. بۇ جەھەتتە ئىمام ئىبنى تەيمىييە مۇئتەزىلەلەردىن ئايرىلىدۇ.

[251] لېكىن، ئىمام ئىبنى تەيمىييە شۇ توقۇنۇشلۇق ھەقىقەتلەرنى قانداق ماسلاشتۇرىدۇ؟ ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ يامانلىق قىلغۇچىنى جازالاش ۋە ياخشىلىق قىلغۇچىنى مۇكاپاتلاشتىكى ئادالىتى بىلەن بارلىق پېئىللارنىڭ ئاللاھ تائالاغا مەنسۇپلۇقىنى قانداق ماسلاشتۇرىدۇ؟

بۇنىڭ جاۋابى: شۇنىسى ئايدىڭكى، ئىمام ئىبنى تەيمىييە: «بەندىنىڭ پېئىللىرى ئۇنىڭدىكى قۇدرەت تۈپەيلى ئۇنىڭغا مەنسۇپ قىلىنىدۇ، ئاللاھنىڭ بۇ قۇدرەتنى ياراتقانلىقى ئېتىبارى بىلەن بەندىنىڭ پېئىللىرى ئاللاھقا مەنسۇپ قىلىنىدۇ، چۈنكى ئاللاھ سەۋەبلەرنىڭ پەيدا قىلغۇچىسىدۇر» دەپ قارايدۇ. بۇ ھەقتە ئىمام ئىبنى تەيمىييە دەيدۇكى: «ئاللاھ تائالا بارلىق نەرسىلەرنى ئۆزى ياراتقان سەۋەبلەر بىلەن ياراتقۇچىدۇر. ئاللاھ تائالا بەندىگە ئىش – پېئىللارنى قىلالايدىغان قۇدرەتنى ياراتقان. بەندە شۇ پېئىلى بىلەن ھەقىقەتەن فائىلدۇر. ئەھلىسۈننەتنىڭ ›بەندىنىڭ پېئىلى ئاللاھنىڭ ئىرادىسى ۋە قۇدرىتى بىلەن يارىتىلغان‹ دېگەن سۆزى ئۇلارنىڭ ›بارلىق ھادىسلار ئۆزلىرىنىڭ سەۋەبلىرى بىلەن يارىتىلغان‹ دېگەن سۆزى بىلەن ئوخشاشتۇر». دېمەك، بەندىنىڭ پېئىللىرى ئۇ پېئىللارنىڭ سەۋەبىنى ئاللاھ ياراتقانلىقى نۇقتىسىدىن ئاللاھقا مەنسۇپ قىلىنىدۇ. ئۇ پېئىللارنىڭ سەۋەبى بەندىنىڭ قۇدرىتىدۇركى، ئۇنى ئاللاھ بەندىدە ياراتقان. ئىمام ئىبنى تەيمىييە بۇ قاراش بىلەن زور دەرىجىدە مۇئتەزىلەلەرگە يېقىنلىشىدۇ. شۇ جەھەتتىن، ئۇ: «ھەقكە مۇئتەزىلەلەر ئەشئەرىيلەردىن يېقىنراق» دېگەن. لېكىن، ئۇ ئىككى ئىشتا مۇئتەزىلەلەرگە قارشى يول تۇتقان.

بىرىنچى ئىش: ئەمر بىلەن ئىرادە ئارىسىدا باغلىنىشنىڭ يوقلۇقى ھەققىدە. مۇئتەزىلەلەر «ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ ئەمرى بىلەن ئىرادىسى ئوتتۇرىسىدا باغلىنىش بار» دەپ قارايدۇ. يەنى ئاللاھ بىر ئىشقا ئەمر قىلسا، شۇ ئىشنى ئىرادە قىلغاچقا بۇيرۇيدۇ. بىر ئىشتىن توسسا، شۇ ئىشنى ئىرادە قىلمىغاچقا توسىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ تائالا مەئسىيەتلەرنى خاھلىمايدۇ. شۇڭا، ئۇنىڭغا ئەمر قىلمايدۇ. ئەمما، ئىمام ئىبنى تەيمىييە بولسا «ئەمر بىلەن ئىرادە ئوتتۇرىسىدا باغلىنىش يوق» دەپ قارايدۇ، يەنى ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا تائەتلەرنى ئىرادە قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئەمر قىلىدۇ، ئۇلاردىن يۈز بېرىۋاتقان مەئسىيەتلەرنى ئىرادە قىلمايدۇ، ئۇنىڭدىن توسىدۇ. ئاللاھنىڭ مەئسىيەتلەرنى ئىرادە قىلىشى مەئسىيەتلەرنىڭ سەۋەبلىرىنى ئىرادە قىلىشى نۇقتىسىدىندۇر.

ئىككىنچى: ئىمام ئىبنى تەيمىييەنىڭ مۇئتەزىلەلەردىن ئايرىلىدىغان يېرى، ئىمام ئىبنى تەيمىييە رىزا، مۇھەببەت ۋە ئىرادىنىڭ ئارىسىنى ئايرىيدۇ. ئىرادە بەزىدە ئاللاھنىڭ ئەمرلىرى ۋە نەھيىلىرىگە خىلاپ بولغان ئىشلاردىمۇ يۈز بېرىدۇ. لېكىن، مۇھەببەت ۋە رىزا ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرلىرى ۋە نەھيىلىرى بىلەن ئۇيغۇنلىشىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ تائالا مەئسىيەتلەرنى ياخشى كۆرمەيدۇ ۋە ئۇنىڭغا رازى بولمايدۇ، لېكىن ئۇنى ئىرادە قىلىدۇ. ئىمام ئىبنى تەيمىييە بۇ جەھەتتە ئەشئەرىيلەر بىلەن يېقىنلىشىدۇ. ئۇ ئېيتىدۇ: «جىمى تائىپىلەر بىلەن بىرگە ئەھلىسۈننەتنىڭ كۆپچىلىكى ۋە ئىمام ئەشئەرىينىڭ ئەگەشكۈچىلىرىدىن كۆپ كىشىلەر ئىرادە، مۇھەببەت ۋە رىزا ئارىسىنى ئايرىيدۇ. ئۇلار دەيدۇ: گەرچە ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا مەئسىيەتلەرنى ئىرادە قىلىدىغان بولسىمۇ، ئۇنى ياخشى كۆرمەيدۇ ۋە ئۇنىڭغا رازى بولمايدۇ، ئۇنى ئۆچ كۆرىدۇ، ئۇنىڭغا غەزەپ قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن توسىدۇ. بۇلار ئاللاھنىڭ خاھلىشى بىلەن ياخشى كۆرۈشى ئارىسىنى ئايرىيدۇ. مانا بۇ پۈتۈن سەلەفلەرنىڭ سۆزىدۇر»21).

بىز بۇ جەھەتتە ئۇنىڭ مەزھەبىنى مۇئتەزىلەلەر بىلەن ئەشئەرىيلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا كۆرىمىز. ئومۇمەن ئۇنىڭ مەزھەبى ئاللاھ تائالانىڭ بەندىدە ئىشلارغا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان قۇدرەتنى ياراتقانلىقى پىكرىدە ئىمام ماتۇرىيدىي مەزھەبىگە يېقىن. بىراق ئىمام ئىبنى تەيمىييە «ئىشلارغا تەسىر كۆرسىتىش شۇ ئىشلارنى قىلىش بىلەن بولىدۇ» دەپ قارايدۇ. ئىمام ماتۇرىيدىي بولسا، «ئىنسانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ قۇۋۋەتنىڭ پېئىللارغا تەسىر كۆرسىتىشى پېئىلنى كەسپ قىلىشقا تەسىر كۆرسىتىشتىن ئېشىپ كەتمەيدۇ» دەپ قارايدۇ.

ئاللاھنىڭ پېئىللىرى غايە – مەقسەتلەرگە باغلانغانمۇ؟

[252] ئاللاھ تائالانىڭ پېئىللىرىنىڭ غايە – مەقسەتلەرگە باغلانغانلىقى ياكى باغلانمىغانلىقى گاھىدا ئالىملارنى دەتالاشقا سېلىپ قويىدۇ. ئاللاھ تائالا قىلغانلىرىنى شۇنىڭغا ئىتتىرىدىغان ھېچبىر تۈرتكە يوق ھالدا قىلدىمۇ؟ ياراتقانلىرىنى شۇنىڭغا ئىتتىرىدىغان ھېچبىر تۈرتكە يوق ھالدا ياراتتىمۇ؟

ئەشئەرىيلەر مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا شەيئىلەرنى ياراتتى، يارىتىشى بىرەر غەرەز سەۋەبىدىنمۇ ئەمەس ۋە بىرەر تۈرتكە سەۋەبىدىنمۇ ئەمەس. چۈنكى، بۇ (يەنى غەرەز ۋە تۈرتكە سەۋەبىدىن يارىتىش) ئاللاھنىڭ ئىرادىسىنى مەلۇم دائىرىگە چەكلەپ قويىدۇ. ھالبۇكى ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ھەر نەرسىنىڭ ياراتقۇچىسىدۇر ۋە ھەر نەرسىدىن ئۈستۈندۇر. ﴿لَا يُسۡـَٔلُ عَمَّا يَفۡعَلُ وَهُمۡ يُسۡـَٔلُونَ / ئاللاھنىڭ قىلغانلىرىدىن سوئال ـ سوراق قىلىنمايدۇ، ئۇلاردىن سوئال ـ سوراق قىلىنىدۇ﴾(21/«ئەنبىياﺋ»: 23)».

ئىككىنچى قاراش: ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا گۈزەل بىر ھېكمەت ئۈچۈن مەخلۇقاتنى ياراتتى، شۇ ھېكمەت ئۈچۈن بەزى ئىشلارغا بۇيرۇدى ۋە بەزى ئىشلاردىن توستى. بۇ قاراش يۇقىرىدا ئىزاھلىغىنىمىزدەك، ماتۇرىيدىيلارنىڭ قارىشىدۇر. ئىمام ئىبنى تەيمىييە ئېيتىدۇ: «بۇ سەلەفلەرنىڭ قارىشىدۇر». يەنە ئېيتىدۇ: «بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ۋە مۇسۇلمان ئەمەسلەرنىڭمۇ قارىشىدۇر. شۇنداقلا ئىمام ئەبۇ ھەنىفە، ئىمام مالىك، ئىمام شافىئىي، ئىمام ئەھمەد ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئىماملارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىدىن ئىبارەت ھەر خىل تائىپىلەرنىڭ قارىشىدۇر ۋە يەنە كالام ئالىملىرىدىن بولغان ھەر خىل تائىپىلەرنىڭمۇ قارىشىدۇر».

بۇ قاراشتىكىلەر «ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ ئىرادىسى بۇ ھېكمەت سەۋەبلىك ئۆزگىرىدۇ» دېمەيدۇ. چۈنكى، ھېكمەت ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانى (مەلۇم ئىشنى قىلىشقا) زورلايدىغان نەرسە ئەمەس، لېكىن ئاللاھنىڭ ئىرادىسى ئۇنىڭ «ھەكىم (ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى)» دېگەن سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇنلىشىدۇ. ئاللاھ ئۆزىنى شۇ سۈپەت بىلەن سۈپەتلىگەن. دېمەك، ھېكمەت ئاللاھنىڭ يارىتىشىنىڭ، ئەمرلىرى ۋە نەھيىلىرىنىڭ كامىللىقىنىڭ بايانىدۇر، ئۇنىڭ (مەلۇم ئىشلارنى قىلىشقا) مەجبۇرلۇقىنىڭ بايانى ئەمەس.

شۈبھىسىزكى، ئىمام ئىبنى تەيمىييە مۇشۇ قاراشنى تاللايدۇ ۋە ئۇنى سەلەفنىڭ مەزھەبى دەپ بايان قىلىدۇ.

ئۈچىنچى قاراش: ئۇ مۇئتەزىلەلەرنىڭ قارىشىدۇر. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئۆزىنىڭ پېئىللىرىدا، ئەمر ۋە نەھيىلىرىدە پەقەت گۈزەلنى قىلىدۇ ۋە پەقەت گۈزەلگە ئەمر قىلىدۇ، قەبىھلىكتىن يىراق تۇرىدۇ ۋە قەبىھكە ئەمر قىلمايدۇ. بۇ گەپنىڭ ئاساسى: ئۇلارنىڭ نەزەرىدە شەيئىلەرنىڭ ئەسلىي گۈزەللىكى ۋە ئەسلىي قەبىھلىكىنىڭ بارلىقى، شۇنداقلا ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ پەقەت گۈزەلگە ئەمر قىلىدىغانلىقى ۋە پەقەت قەبىھتىن نەھيى قىلىدىغانلىقى.

ئىمام ئىبنى تەيمىييە بۇ قاراشنى رەت قىلغان ۋە ئۇنىڭغا رازى بولمىغان ھەمدە سەلەفلەرنىڭ قارىشىنىڭ ئۇنىڭغا ئوچۇق قارشى كېلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ بۇ مۇئتەزىلەلەر توغرىسىدا دەيدۇكى: «ئۇلار بۇنى بەندىنىڭ گۈزەل بولغان ۋە قەبىھ بولغان ئىشلىرىغا سېلىشتۇردى ۋە بەندىنىڭ ئۈستىگە نېمىنى ۋاجىب دەپ قارىسا، ئاللاھ تائالانىڭ ئۈستىگىمۇ شۇنى ۋاجىب دەپ قارىدى، بەندىگە نېمىنى ھارام دەپ قارىسا، ئاللاھقىمۇ شۇنى ھارام دەپ قارىدى ۋە بۇنى ئادالەت ۋە ھېكمەت دەپ ئاتىدى. ھالبۇكى ئۇلارنىڭ ئەقىللىرى ئاللاھنىڭ ھېكمىتىنى بىلىشتىن ئاجىزدۇر. شۇڭا، ئۇلار ئاللاھقا تولۇق خاھىشنى ۋە تولۇق قۇدرەتنى ئىسپاتلىمايدۇ، ئاللاھ تائالانى ھەممە نەرسىگە قادىر چاغلىمايدۇ، ئۇلار: ›ئاللاھنىڭ خاھلىغىنى بولىدۇ، خاھلىمىغىنى بولمايدۇ‹ دېمەيدۇ»22).

[253] مانا بۇلار ئىمام ئىبنى تەيمىييەنىڭ مەجبۇرلۇق ۋە ئىختىيارلىق، ئاللاھنىڭ پېئىللىرىنىڭ مەقسەت – غەرەزگە باغلانغانلىقى ياكى باغلانمىغانلىقى ھەققىدىكى قاراشلىرى بولۇپ، ئۇ دائىما ئۆزى توغرا كۆرگەننى ساھابە – تابىئىندىن ئىبارەت سەلەف سالىھقا نىسبەت بېرىۋالىدۇ.

ئىبادەتتىكى ۋەھدانىيەت

[254] ئىبادەتتىكى ۋەھدانىيەتنىڭ مەنىسى: «بەندىنىڭ ئاللاھتىن باشقىغا ئىبادەت بىلەن يۈزلەنمەسلىكىدۇر». بۇ مۇنداق ئىككى ئىشنى تەقەززا قىلىدۇ:

بىرىنچى ئىش: يېگانە ئاللاھتىن باشقىغا ئىبادەت قىلماسلىق ۋە ئۇنىڭدىن باشقىسىنىڭ ئىلاھلىقىنى ئېتىراپ قىلماسلىق. كىمكى ئىبادەتتە ئاللاھقا بىرەر شەخسنى ياكى بىرەر نەرسىنى شېرىك قىلىدىكەن، مۇشرىك بولىدۇ. كىمكى بىرەر ئىبادەتنى ياراتقۇچىغىمۇ، يارىتىلغۇچىغىمۇ باراۋەر قىلسا، گەرچە ئۇ ياراتقۇچىنىڭ يېگانىلىكىگە ئېتىقاد قىلىدىغان بولسىمۇ، ئاللاھ بىلەن بىرگە باشقا نەرسىلەرنى ئىلاھ قىلىۋالغان بولىدۇ. چۈنكى، ئەرەبلەرنىڭ مۇشرىكلىرىمۇ «ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ياراتقۇچىسى يالغۇز ئاللاھ» دەپ ئىقرار قىلاتتى. ئاللاھ بۇ توغرۇلۇق ئېيتقانكى: ﴿وَلَئِن سَأَلۡتَهُم مَّنۡ خَلَقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ لَيَقُولُنَّ ٱللَّهُۚ قُلِ ٱلۡحَمۡدُ لِلَّهِۚ بَلۡ أَكۡثَرُهُمۡ لَا يَعۡلَمُونَ / ئەگەر سەن ئۇلاردىن: «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى كىم ياراتتى؟» دەپ سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم «ئاللاھ» دەپ جاۋاپ بېرىدۇ، ئېيتقىنكى، «جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر!» بەلكى ئۇلارنىڭ تولىسى ئۇقمايدۇ﴾(31/«لوقمان»: 25). شۇنداق تۇرۇپ ئۇلار «مۇشرىك» دەپ ئاتالغان. چۈنكى، ئۇلار ئاللاھ بىلەن بىرگە ئۇنىڭ غەيرىگە ئىبادەت قىلغان.

ئىككىنچى ئىش: ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالاغا ئۆز پەيغەمبەرلىرىنىڭ تىللىرى ئارقىلىق بەلگىلەپ بەرگەن تەرىقە بىلەن ئىبادەت قىلىشىمىزدۇر، ئاللاھ تائالاغا پەقەت ۋاجىب ياكى مۇستەھەب بىلەن، ياكى ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش ۋە شۈكۈر قىلىش مەقسەت قىلىنغان مۇباھ بىلەن ئىبادەت قىلىشىمىزدۇر. ئىمام ئىبنى تەيمىييە ئېيتىدۇ: «دۇئا ئىبادەتلەرنىڭ جۈملىسىدىندۇر. كىمكى ئۆلۈك ۋە تىرىكلەردىن ئىبارەت مەخلۇقلارغا دۇئا قىلسا ۋە ئۇلاردىن ياردەم تىلىسە، دىندا بىدئەت تېرىغۇچى، ئالەملەرنىڭ رەببىگە شىرك كەلتۈرگۈچى ۋە مۇئمىنلەرنىڭ يولىدىن باشقىغا ئەگەشكۈچى بولىدۇ. كىمكى ئاللاھتىن مەخلۇقلارنى ۋەسىلە قىلىپ (بىرنەرسە) سورىسا ياكى ئاللاھقا مەخلۇقلارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلسا، ئاللاھ ئۇ توغرۇلۇق ھېچبىر پاكىت چۈشۈرمىگەن بىر بىدئەتنى پەيدا قىلغان بولىدۇ»23).

[255] «سەلەفىيلەر» دەپ تونۇلغان ئەنە شۇ مەزھەبنىڭ بايرىقىنى كۆتۈرگەن ئىمام ئىبنى تەيمىييە مۇنداق ئۈچ ئىشنى پەيدا قىلغان:

1. ئاللاھقا سالىھلەر ۋە ئەۋلىيائلار بىلەن يېقىنلىق ئىزدەشنى مەنئى قىلىش؛

2. ئاللاھنىڭ غەيرىدىن ياردەم تىلەشنى مەنئى قىلىش، ئۆلۈكلەر ۋە ئۇلارنىڭ غەيرى بىلەن تەۋەسسۇل قىلىشنى مەنئى قىلىش؛

3. تەبەررۈك24) ۋە ئۇلۇغلاش ئۈچۈن سالىھلەرنىڭ ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ قەبرلىرىنى زىيارەت قىلىشنى مەنئى قىلىش.

سالىھلەر بىلەن ئاللاھقا يېقىنلىق ئىزدەشنى مەنئى قىلىش

[256] ئىمام ئىبنى تەيمىييە بەزى كىشىلەرنىڭ كارامەتلىرى بارلىقى، ئاللاھنىڭ بەزى كىشىلەرنىڭ قولىدا ئادەتتىن تاشقىرى ئىشلارنى جارى قىلىدىغانلىقى، لېكىن بۇنىڭ ئۇ كىشىلەرنىڭ خاتالىقتىن مەسۇم ئىكەنلىكىنى تەقەززا قىلمايدىغانلىقى، بەلكى ئۇلارنىڭ تەكلىفاتلارغا بۇيرۇلغۇچى بەندىلەر ئىكەنلىكى، ئۇلارغىمۇ تەكلىفات ھۆكۈملىرى جارى بولىدىغانلىقى، كارامەتنىڭ ئىستىقامەتتىن ئەۋزەل ئەمەسلىكى، شۇڭا بەزى سالىھلەرنىڭ ئاللاھ تائالادىن كارامەت بەرمەي ئىستىقامەت بېرىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. بۇ توغرىسىدا ئىمام ئىبنى تەيمىييە ئەبۇ ئەلى جوزجانىينىڭ مۇنۇ ھېكمەتلىك سۆزىنى نەقىل قىلىدۇ: «كارامەت تەلەپ قىلغۇچى بولماي، ئىستىقامەت تەلەپ قىلغۇچى بول. چۈنكى، (ئەگەر كارامەتنى تەلەپ قىلغۇچى بولساڭ) كۆڭلۈڭ كارامەت ئۈچۈن ھەرىكەتلىنىدۇ، ھالبۇكى رەببىڭ سەندىن ئىستىقامەت تەلەپ قىلىدۇ»25).

(ئۇنىڭ نەزەرىدە) ئەنە شۇ كارامەت ئاللاھ تائالاغا سالىھ كىشىلەرنى ۋەسىلە قىلىشنى راۋا قىلالمايدۇ. چۈنكى، ئاللاھقا ئۇنىڭ بەندىلىرىنى ۋەسىلە قىلىش جائىز ئەمەس. شۇڭا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇشرىكلەرگە مەغپىرەت تىلەشتىن نەھيى قىلىنغان. ئاللاھ تائالا ئېيتقانكى: ﴿مَا كَانَ لِلنَّبِيِّ وَٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ أَن يَسۡتَغۡفِرُواْ لِلۡمُشۡرِكِينَ وَلَوۡ كَانُوٓاْ أُوْلِي قُرۡبَىٰ مِنۢ بَعۡدِ مَا تَبَيَّنَ لَهُمۡ أَنَّهُمۡ أَصۡحَٰبُ ٱلۡجَحِيمِ / پەيغەمبەرگە ۋە مۇئمىنلەرگە مۇشرىكلەرنىڭ ئەھلى دوزاخ ئىكەنلىكى ئېنىق مەلۇم بولغاندىن كېيىن، مۇشرىكلەر ئۇلارنىڭ تۇغقىنى بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارغا مەغپىرەت تەلەپ قىلىشى دۇرۇس ئەمەس﴾(9/«تەۋبە»: 113). پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتقانكى: «يَا مَعْشَرَ قُرَيْشٍ اشْتَرُوا أَنْفُسَكُمْ لاَ أُغْنِي عَنْكُمْ مِنَ اللهِ شَيْئًا يَا بَنِي عَبْدِ مَنَافٍ لاَ أُغْنِي عَنْكُمْ مِنَ اللهِ شَيْئًا يَا عَبَّاسُ بْنَ عَبْدِ الْمُطَّلِبِ لاَ أُغْنِي عَنْكَ مِنَ اللهِ شَيْئًا وَيَا صَفِيَّةُ عَمَّةَ رَسُولِ اللهِ لاَ أُغْنِي عَنْكِ مِنَ اللهِ شَيْئًا وَيَا فَاطِمَةُ بِنْتَ مُحَمَّدٍ سَلِيْنِي مَا شِئْتِ مِنْ مَالِي لاَ أُغْنِي عَنْكِ مِنَ اللهِ شَيْئًا / ئى قۇرەيش جامائىتى! سىلەر ئىسلامغا كىرىش ئارقىلىق ئۆزۈڭلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتقۇزۇڭلار، مەن ئاللاھنىڭ سىلەرگە تېگىشلىك ئازابىنى ئازراقمۇ قايتۇرالمايمەن. ئى ئابدۇمەناف جەمەتى! سىلەردىنمۇ ئاللاھنىڭ ئازابىنى توسۇپ قالالمايمەن، ئى ئابباس ئىبنى ئابدۇلمۇتتەلىب! سەندىنمۇ توسۇۋالالمايمەن، ئى رەسۇلۇللاھنىڭ ھاممىسى سەفىييە! سىزدىنمۇ توسۇۋالالمايمەن، ئى مۇھەممەدنىڭ قىزى فاتىمە! مېنىڭ مېلىمدىن خاھلىغىنىڭىزنى سوراڭ. لېكىن، مەن سىزدىنمۇ ئاللاھنىڭ ئازابىنى توسۇپ قالالمايمەن»26).

ساھابەلەر پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھاياتىدا ئۇ زاتنى ۋەسىلە قىلىپ يامغۇر تىلەيتتى. (ئىبنى تەيمىييەنىڭ قارىشىچە) بۇ ئىش ئاللاھ تائالانىڭ غەيرىنى ۋەسىلە قىلىش ئارقىلىق ئاللاھقا يېقىنلىق ئىزدەشنىڭ جائىز بولمايدىغانلىقى، لېكىن تىرىك كىشىنىڭ رەھمەت تىلەپ قىلغان دۇئاسىنى ۋەسىلە قىلىش ئارقىلىق يېقىنلىق ئىزدەشنىڭ جائىز بولىدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ27).

ئاللاھنىڭ غەيرىدىن ياردەم تىلەش

[257] بۇ سەلەفىيلەرنىڭ نەزەرىدە ئاللاھنىڭ غەيرىدىن ياردەم تىلەش مۇتلەق مەنئى قىلىنغاندۇر28). ئۇلار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۆزىدىن ياردەم تىلەشتىن توسقانلىقىنى زىكىر قىلغان. ئۇلارنىڭ زىكىر قىلىشىچە، تەبەرانىي «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر (المعجم الكبير)»دە مۇنداق رىۋايەت قىلغان: «أَنَّهُ كَانَ مُنَافِقٌ يُؤْذِي الْمُؤْمِنِينَ فَقَالَ أَبُو بَكْرٍ الصِّدِّيقُ: قُومُوا بِنَا لِنَسْتَغِيثَ بِرَسُولِ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ مِنْ هَذَا الْمُنَافِقِ فَقَالَ النَّبِيُّ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: إنَّهُ لَا يُسْتَغَاثُ بِي وَإِنَّمَا يُسْتَغَاثُ بِاَللَّهِ / بىر مۇناپىق مۇئمىنلەرگە ئەزىيەت بېرەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئەبۇبەكرى:

— تۇرۇڭلار، رەسۇلۇللاھتىن بۇ مۇناپىققا قارشى ياردەم تىلەيلى! — دېگەندە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— ياردەم مەندىن تىلەنمەيدۇ، ياردەم ئاللاھتىنلا تىلىنىدۇ، — دېدى»29). شۈبھىسىزكى، بۇ ئوچۇق ئىشتۇر. چۈنكى، ياردەم ئەھۋالنى ئۆزگەرتىشكە قادىر كىشىدىن سورىلىدۇ. ئەنە شۇ ئاللاھقا خاس ئىشلاردىندۇر.

ياردەم پەقەت ئاللاھتىنلا تىلەنگەندەك، مەغپىرەتمۇ پەقەت ئۇنىڭدىنلا تىلىنىدۇ. ئاللاھتىن باشقىغا: «مېنى مەغپىرەت قىل ياكى ماڭا ياردەم بەر» دېيىش جائىز بولمايدۇ. ئىمام ئىبنى تەيمىييە ئەبۇ يەزىد بىستامىيدىن ئۇنىڭ: «مەخلۇقنىڭ مەخلۇقتىن ياردەم تىلىشى غەرق بولغۇچىنىڭ غەرق بولغۇچىدىن ياردەم تىلىگىنىگە ئوخشايدۇ» دەيدىغانلىقىنى نەقىل قىلغان.

ئاللاھقا ئۇنىڭ تىرىك بەندىلىرىنى ۋەسىلە قىلىپ يېقىنلاشقىلى بولمىغاندەك، ئۆلۈكلەرنى ۋەسىلە قىلىپمۇ يېقىنلاشقىلى بولمايدۇ. بۇ ھەقتە ئىمام ئىبنى تەيمىييە مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەرلەر ۋە سالىھلەرنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن، گەرچە ئۇلار قەبرلىرىدە تىرىك بولسىمۇ، ئۇلاردىن بىرنەرسە تەلەپ قىلىشىمىز توغرا ئەمەس. ئەگەر ئۇلارنىڭ تىرىكلەرگە دۇئا قىلىدىغانلىقى پەرەز قىلىنسىمۇ، ھېچكىمنىڭ ئۇلاردىن ئۇنداق بىرنەرسە تەلەپ قىلىشىغا بولمايدۇ. سەلەفلەردىنمۇ ھېچكىم ئۇنداق قىلمىغان. چۈنكى، بۇ شىرككە ۋە ئاللاھنى قويۇپ، ئۇلارغا ئىبادەت قىلىشقا ۋاسىتىدۇر. ئۇلارنىڭ بىرىدىن ئۇ ھايات چېغىدا تەلەپ قىلىش بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ. چۈنكى، ئۇ بۇ خىل ھالەتتە شىرككە ئېلىپ بارمايدۇ».

سالىھلەر بىلەن يېقىنلىق ئىزدەش ياكى ئۇلاردىن ياردەم تىلەش ئۇلارنىڭ ھايات چېغىدىمۇ ۋە ئۆلگەن چېغىدىمۇ جائىز ئەمەس بولسا ھەمدە سالىھلەرنىڭ ئۆلگىنىدە ئەمەس، ھاياتلىقىدا ئۇلارنىڭ دۇئاسى بىلەن يېقىنلىق ئىزدەش جائىز بولسا، ئۇنداقتا قەبرلەر ئۈچۈن ياكى قەبرلەرنى ماكان تۇتقۇچىلار ئۈچۈن ياكى قەبر بېشىدا تۇرغۇچىلار ئۈچۈن نەزر قىلىش ئەلبەتتە جائىز بولمايدۇ. بۇ ھارامدۇر. چۈنكى، ئۇ مەيلى ياغ پۇرىتىش نەزرىسى بولسۇن ياكى باشقىسى بولسۇن بۇتلارغا نەزر قىلىشقا ئوخشايدۇ. ئۇ بۇ جەھەتتە مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى ‹قەبرلەر پايدا – زىيان يەتكۈزەلەيدۇ› دەپ ئېتىقاد قىلىدىكەن، ئۇ ئازغۇندۇر، جاھىلدۇر».

ئۇ بۇنىڭ مەئسىيەت ئۈچۈن نەزر قىلىش ئىكەنلىكىنى مۇقەررەرلەشتۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى ‹بۇ نەزرلەر ھاجەتلەرنىڭ ئاللاھقا يېتىش ئىشىكى، ئۇ نەزرلەر زەرەرنى توسۇپ رىزىقنى ئاچىدۇ، يۇرتنى ساقلايدۇ› دەپ ئېتىقاد قىلىدىكەن، بۇ ئۆلتۈرۈشكە تېگىشلىك مۇشرىكتۇر»(30).

سالىھلەرنىڭ قەبرلىرىنى ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قەبرسىنى زىيارەت قىلىش

[258] يۇقىرىدا دېيىلگەنلەرنىڭ مەنتىقىلىق نەتىجىسى شۇكى، تەبەررۈك / بەرىكەت ئېلىش ياكى ئاللاھقا يېقىنلىق ئىزدەش مەقسىتى بىلەن سالىھلەرنىڭ قەبرلىرىنى زىيارەت قىلىش جائىز ئەمەس. ئەگەر نەسىھەت ۋە ئىبرەت ئېلىش مەقسىتىدە بولسا جائىزدۇر، بەلكى مۇستەھەپتۇر.

شۇڭا، ئىمام ئىبنى تەيمىييە مۇنداق مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قەبرسىنى تەبەررۈك مەقسىتىدە زىيارەت قىلىش جائىز ئەمەس. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قەبرسىنىڭ زىيارەت قىلىنماسلىقى ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ قەبرسىنى مەسجىد قىلىۋېلىشىدىن توسقان. ‹سەھىھەين›دە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنغان: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆلۈم تۆشەكىدىكى ھالىتىدە ئېيتقانكى: ‹لَعَنَ اللَّهُ الْيَهُودَ وَالنَّصَارَى اتَّخَذُوا قُبُورَ أَنْبِيَائِهِمْ مَسَاجِدَ / ئاللاھ يەھۇدىي ۋە ناسارالارغا ﻟﻪﻧﻪﺕ قىلسۇن! (چۈنكى) ﺋﯘﻻﺭ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﻪﺑﺮﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ (ئۇلۇغلاپ) ئىبادەتخانىلارغا ئايلاندۇرۇۋالغان›31). يەنە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قەبرسىنىڭ زىيارەتگاھ قىلىنماسلىقى ئۈچۈن، كىشىلەرنىڭ ئادىتىنىڭ ئەكسىچە، ھەزرىتى ئائىشەنىڭ ئۆيىگە دەپنە قىلىنغان. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتقانكى: «اللهمَّ لاَ تَجْعَلْ قَبْرِي وَثَنًا يُعْبَدُ اشْتَدَّ غَضَبُ الله عَلَى قَوْمٍ اتَّخَذُوا قُبُورَ أَنْبِيَائِهِمْ مَسَاجِدَ / ئى ئاللاھ! قەبرەمنى ئىبادەت قىلىنىدىغان بىر بۇت قىلىپ قويمىغىن. پەيغەمبەرلىرىنىڭ قەبرلىرىنى مەسجىد قىلىۋالغان قەۋمگە ئاللاھ قاتتىق غەزەپ قىلغاي!›32).

ساھابەلەر پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئۇنىڭغا سالام بېرىپ دۇئا قىلماقچى بولسا، قىبلىگە ئالدىنى قىلىپ دۇئا قىلاتتى. ساھابەلەر سەپەرگە چىقماقچى بولسا ياكى سەپەردىن قايتسا، رەۋزە شەرىفكە كېلەتتى».

[259] ئىمام ئىبنى تەيمىييە بۇ قارىشى بىلەن كۆپچىلىك مۇسۇلمانلارغا قارشى چىققان. بولۇپمۇ مۇستافا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قەبرسىنى زىيارەت قىلىشقا نىسبەتەن ئۇلارغا ياۋۇزلارچە خىرىس قىلغان.

بىز ئۇنىڭ سالىھلەرنىڭ قەبرلىرىنى زىيارەت قىلىش ۋە ئۇ قەبرلەر ئۈچۈن نەزر قىلىش توغرىسىدىكى سۆزىگە مەلۇم دەرىجىدە قوشۇلۇپ قالساقمۇ، ئەمما رەۋزە شەرىفنى زىيارەت قىلىش توغرىسىدىكى سۆزىگە تولۇق قارشىمىز. چۈنكى، ئۇنىڭ رەۋزە شەرىفنى تەبەررۈك بىلىش ۋە بەرىكەت ئېلىش مەقسىتى بىلەن زىيارەت قىلىشنى چەكلەشتە تايانغان ئاساسى بۇتپەرەسلىكتىن ئەنسىرەشتۇر. بۇ نامۇۋاپىق ئەنسىرەشتۇر. ئەگەر بۇنىڭدا مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ئۇلۇغلاش بار بولسا، بۇ ۋەھدانىيەت پەيغەمبىرىنى ئۇلۇغلىغانلىقتۇر، ۋەھدانىيەت پەيغەمبىرىنى ئۇلۇغلاش ۋەھدانىيەتنى ئىھيا قىلغانلىقتۇر. چۈنكى، بۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ پەيغەمبەر بولۇپ ئەۋەتىلىشىدىكى ئەسل مەنالارنى ئۇلۇغلىغانلىقتۇر.

ئۇنىڭ ئۈستىگە رەۋزە شەرىفنى زىيارەت قىلىش پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سەۋر، جىھاد ۋە كۈرەشلەردىكى سەرگۈزەشتىلىرىنى، شۇنداقلا تاكى ئاللاھ ئۇنى جىھادىنىڭ مېۋىسى سۈپىتىدە ئۆزىنىڭ ياردىمى ۋە قوللىشى بىلەن بۇتپەرەسلىك ئۈستىدىن غالىب قىلغان ۋە ئىبادەت يالغۇز ئاللاھقا قىلىنغانغا قەدەر، ئۇنىڭ تەۋھىدنىڭ شەئنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىنى ئەسلىتىدۇ. ئىمام ئىبنى تەيمىييە ئۆزىمۇ سەلەف سالىھلەرنىڭ ھەرقاچان رەۋزە شەرىفنىڭ يېنىدىن ئۆتسە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە سالام بېرىدىغانلىقىنى رىۋايەت قىلغان.

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ ئازادگەردىسى ۋە ئۇنىڭ ئىلمىنىڭ راۋىيسى ناﻓﯩﺌ ئېيتقانكى: «ئىبنى ئۆمەر قەبرگە سالام قىلاتتى. مەن ئۇنىڭ 100 ياكى ئۇنىڭدىنمۇ جىق قېتىم قەبرگە كەلگەنلىكىنى كۆردۈم». «ئۇ قولىنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنبەردىكى ئولتۇرىدىغان يېرىگە قوياتتى، ئاندىن يۈزىگە سۈركەيتتى».

ئىمام ئىبنى تەيمىييە ۋە باشقىلار رىۋايەت قىلغان «لاَ تُشَدُّ الرِّحَالُ إِلَّا إِلَى ثَلاَثَةِ مَسَاجِدَ: المسْجِدِ الحَرَامِ، وَمَسْجِدِ الرَّسُولِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ، وَمَسْجِدِ الأَقْصَى / پەقەت ئۈچ مەسجىدكە سەپەر قىلىپ بېرىشقا بولىدۇ. ئۇلار: مەسجىدى ھەرەم، رەسۇل سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەسجىدى ۋە مەسجىدى ئەقسا»33) دېگەن بۇ ھەدىس پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دەپنە قىلىنغان مەسجىدنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى كۆرسىتىدۇ. پەيغەمبىرىمىز ئائىشە ئانىمىزنىڭ ئۆيىگە دەپنە قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆيى رەسۇلۇللاھنىڭ ئاياللىرىنىڭ ئۆيلىرى ئىچىدە مەسجىدكە ئەڭ يېقىن ئىدى.

رەسۇلۇللاھنىڭ قەبرسى گەرچە مەسجىدنىڭ ئىچىدە بولمىسىمۇ، مەسجىدكە تۇتاش ئىدى. رەسۇلۇللاھنىڭ قەبرسىنى زىيارەت قىلىش مەنئى قىلىنىدىغان بولسا ئىدى، رەسۇلۇللاھ بەﻗﯩﺌ قەبرىستانلىقىدەك مەسجىدتىن يىراق بىر جايغا دەپنە قىلىنغان بولاتتى. بىز راستتىنلا ئىمام ئىبنى تەيمىييەنىڭ رەۋزە شەرىفنى بەرىكەت ئېلىش ۋە ئۇنسى – ئۈلپەت ئېلىش ئۈچۈن زىيارەت قىلىشنى يامان كۆرۈشىدىن ئەجەبلىنىمىز. ھالبۇكى ئۇ ئۆزى بۈيۈك ئىماملارنىڭ ھەرقاچان پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇبارەك قەبرسىنىڭ يېنىدىن ئۆتسە، ئۇنىڭغا سالام قىلىدىغانلىقىنى رىۋايەت قىلغان. ئىمام ئىبنى تەيمىييە رىۋايەت قىلغاندەك، ئۇلار بىرەر سەپەرنى مەقسەت قىلغان ھامان ياكى بىرەر سەپەردىن كەلگەن ھامان، رەسۇلۇللاھنىڭ قەبرسىگە باراتتى.

قىسقىسى، بىز شۇنداق مۇئەييەنلەشتۈرىمىزكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قەبرسىنى زىيارەت قىلىش بىلەن بەرىكەت ئېلىش ياخشى سانىلىدىغان ئىشتۇر. بىز دەۋاتقان تەبەررۈك / بەرىكەت ئېلىش ئىبادەت ئەمەس، ياكى ئۇنىڭغا يېقىن ئىشمۇ ئەمەس. تەبەررۈك دېمەك نەسىھەت ئالماق، ئىبرەت ئالماق ۋە كۆزدىن كەچۈرمەك دېمەكتۇر. رەسۇلۇللاھنىڭ ھاياتىنى، سىيرىتىنى، توغرا يولىنى، غازاتلىرىنى ۋە جىھادلىرىنى بىلگەن بىر ئادەم مەدىنە مۇنەۋۋەرەگە بارسا، مۇشۇ ماكاندا رەسۇلۇللاھنىڭ ماڭغانلىقىنى، دەۋەت قىلغانلىقىنى، خىزمەت قىلغانلىقىنى، مۇشۇ ماكاندا پىلانلارنى تۈزۈپ جىھاد قىلغانلىقىنى قانداقمۇ ھېس قىلمىسۇن؟! قانداقمۇ ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ مۇھەببىتى ئۇنىڭ تۇيغۇلىرىنى قوزغىتالمىسۇن؟! پەقەت ئاللاھنىڭ زىكرىدىن يۈز ئۆرۈگەن ئادەملا بۇنىڭ سىرتىدا. بىلىڭكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قەبرسىنى زىيارەت قىلىش نەسىھەت ئېلىشتۇر، ئىبرەت ئېلىشتۇر، ھىدايەتتۇر ۋە كۆزدىن كەچۈرۈشتۇر. قورققۇچى قەلب بىلەن، بويۇن ئەگكۈچى ئەقىل بىلەن، ئىخلاسلىق كۆڭۈل بىلەن، ئويغاق ۋىجدان بىلەن ئۇنىڭ قەبرسى يېنىدا قىلىنغان دۇئا ھەقىقىي دۇئادۇر. ئەنە شۇ ئەڭ بەرىكەتلىك دۇئادۇر.

 

ئىسلام مەزھەبلىرى تارىخى/ تاريخ المذاهب الإسلامية؛ ئىمام مۇھەممەد ئەبۇ زەھرە؛ مۇھەممەد قاۋۇل قاراخانىي تەرجىمىسى؛ ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى

———————————————————————————————————————————-
1. ئىبنى تەيمىييە: «مەئارىجۇل ۋۇسۇل (معارج الوصول)»، 4، 5 – بەت، ئەلمەكتەبەتۇل ئىلمىييە، مەدىنە مۇنەۋۋەرە.

2. تەۋەسسۇل (التَّوَسُّلُ): ئەرەبچىدە «يېقىنلىق ئىزدىمەك، ۋەسىلە قىلماق» مەنىسىدە بولۇپ، ۋەسىلە دېمەك «مەقسەتنى ھاسىل قىلىشقا ياردەمچى بولىدىغان ۋاسىتە» دېگەنلىكتۇر. تەۋەسسۇل كەلىمەسى ئەقىدە ۋە فىقھ ئىستىلاھىدا: «تائەت – ئىبادەت قىلىش ۋە گۇناھتىن ساقلىنىش ئارقىلىق ئاللاھقا يېقىنلىق ئىزدەش»كە قوللىنىلىدۇ، شۇنداقلا باشقىلاردىن دۇئا تەلەپ قىلىش ئارقىلىق ئاللاھقا يېقىنلىق ئىزدەشكىمۇ، ئاللاھ تائالانىڭ بىرەر ئىسمى ياكى سۈپىتى بىلەن ئاللاھقا يېقىنلىق ئىزدەشكىمۇ، ياكى بىرەر پەيغەمبەر، بىرەر سالىھ كىشى، ياكى ئەرش ۋەيا ئۇندىن باشقىغا ئوخشاش ئاللاھ تائالانىڭ مەخلۇقى بىلەن ئاللاھقا يېقىنلىق ئىزدەپ قىلىنغان دۇئاغىمۇ قوللىنىلىدۇ. تەۋەسسۇلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ تۈرىدە ئالىملار ئارىسىدا ئىختىلاپ يوق، ئىختىلاپ پەقەت تۆتىنچى تۈر (يەنى بىرەر پەيغەمبەر ياكى بىرەر سالىھ كىشى ۋەياكى ئەرشكە ئوخشاش ئاللاھ تائالانىڭ مەخلۇقى بىلەن تەۋەسسۇل قىلىش) نىڭ بەزى جەھەتلىرىدە بار. مەسىلەن، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن پەيغەمبىرىمىز بىلەن تەۋەسسۇل قىلىش ھەققىدە ئۈچ خىل قاراش مەۋجۇد. 1) كۆپچىلىك فۇقەھائ‍ (يەنى مالىكىيلەر، شافىئىيلەر، مۇتەئەخخىر/كېيىنكى ھەنەفىيلەر ۋە كۆپچىلىك ھەنبەلىيلەر): «رەسۇلۇللاھنىڭ ھاياتىدا بولسۇن ياكى ۋاپاتىدىن كېيىن بولسۇن رەسۇلۇللاھ بىلەن تەۋەسسۇل قىلىش جائىز» دەپ قارىغان؛ 2) ئىمام ئەبۇ يۈسۈف ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ: «ھەرقانداق كىشى ئاللاھقا پەقەت ئاللاھ بىلەنلا (يەنى ئاللاھنىڭ ئىسىم – سۈپەتلىرى بىلەنلا) دۇئا قىلىشى لازىم» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان؛ لېكىن، ئىمام ئەبۇ يۈسۈفنىڭ ئۆزىنىڭ «ئەرش بىلەن تەۋەسسۇل قىلسا ھېچقىسى يوق» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان. ھەنەفىي مەزھەبنىڭ تۈۋرۈكلىرىدىن مۇھەققىق ئالىم ئىمام كەۋسەرىي مۇتلەق ھالەتتە پەيغەمبىرىمىز ۋە سالىھ كىشىلەر بىلەن تەۋەسسۇل قىلىش ھەققىدە ھەنەفىي مەزھەبتە، بەلكى ھەشۋىييەلەر (دىنىي تېمىلاردا ئەقىل يۈرگۈزۈشنى رەت قىلىپ، ئەمرلەرنىڭ تاشقى/لەۋزىي مەزمۇنىغا سادىق ھالدا بېكىتىش/تەشبىھ ۋە جىسملاشتۇرۇش/تەجسىم قىلىشقىچە بارىدىغان تەلىماتلارنى ئۆزلەشتۈرۈۋالغۇچىلار) نى چىقىرىۋەتكەندە ئومۇمىي ئۈممەت ئارىسىدا ئىختىلاپ يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە ھەشۋىييەلەرنىڭ بۇ مەسىلە سەۋەبلىك مۇسۇلمانلارنى مۇشرىك، بىدئەتچى دەپ قارىلاشلىرىنى قاتتىق سۆككەن؛ 3) ئىبنى تەيمىييە ۋە بەزى مۇتەئەخخىر ھەنبەلىيلەر: «پەيغەمبىرىمىزنىڭ زاتى بىلەن تەۋەسسۇل قىلىشنى جائىز ئەمەس» دەپ قارىغان. سالىھلەر بىلەن تەۋەسسۇل قىلىشتىمۇ مۇشۇنداق ئىختىلاپ بار. قاراڭ: ئىمام كەۋسەرىي: «مقالات الكوثري (كەۋسەرىي ماقالەلىرى)»، 339 – بەت، تەۋفىقىييە كۇتۇبخانىسى، قاھىرە، نەشر يىلىسىز؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 14/149 – 164، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427.

3. رەۋزە شەرىف (الرَّوْضَةُ): ئەرەبچىدە: «باغ، گۈلىستان» دېگەن مەنىدە بولۇپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرەدىكى ئۆيى (ھازىرقى قەبرىسى بار جاي) بىلەن مەسجىدىدىكى مۇنبىرى ئارىلىقىدىكى مۇبارەك جاي. بۇ جاينىڭ پەزىلىتى ھەققىدە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئۆيۈم بىلەن مۇنبىرىمنىڭ ئارىلىقى جەننەتنىڭ باغچىلىرىدىن بىر باغچىدۇر، مۇنبىرىم ھەۋزى كەۋسەرىمنىڭ ئۈستىدىدۇر» («سەھىھەين»). قاراڭ: «ئەرەب تىلى كومىتېتى»: «ئەلمۇئجەمۇل ۋەسىت»، 1/382؛ دوكتور مۇھەممەد رەۋۋاس قەلئەجىي: «فۇقەھائ‍ لۇغىتى قامۇسى»، 204 – بەت.

4. ۋەلىي (الْوَلِيُّ): ئەرەبچىدە «ياردەمچى، ئىگە، دوست، ھىمايىچى ۋە يېقىن تۇغقان» دېگەن مەنىلەردە قوللىنىلىدۇ. ئەقىدە ئىلمى ئىستىلاھىدا: «تەقۋادار مۇئمىن ۋەلىي»دۇر. بۇ كەلىمەنىڭ كۆپلۈكى ئەۋلىياﺋ (الأَوْلِيَاءُ) بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئەۋلىيائلارنى ﴿ئىمان ئېيتقان ۋە تەقۋادارلىق قىلغانلار﴾(10/«يۇنۇس»: 63) دەپ سۈپەتلىگەن. «قۇرئان» ۋە «ھەدىس»لەردىن شۇنداق يەكۈنلىنىدۇكى، ئاللاھنىڭ ۋەلىيسى «ئاللاھنى تونۇغان، تائىتىدە ئىزچىل، ئىبادىتىدە ئىخلاسمەن، مەئسىيەتتىن يىراق، لەززەت ۋە شەھۋەتلەرگە چۆمۈلۈشتىن ۋاز كەچكەن، ئاللاھنىڭ سۆيگىنىنى سۆيىدىغان، يامان كۆرگىنىنى يامان كۆرىدىغان، پەرز ۋە نەفلە ئىبادەتلەر بىلەن تەقۋادارلىقنى قولدىن بەرمەيدىغان مۇئمىن»دۇر. ۋەلىي يەنە ئاللاھ تائالانىڭ گۈزەل ئىسىم – سۈپەتلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئۆزىنى ﴿ئاللاھ ۋەلىيدۇر﴾(42/«شۇرا»: 9) دەپ سۈپەتلىگەن. دېمەك، ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە نۇسرەت بەرگۈچى، ئۇلاردىن خەۋەر ئالغۇچى، ئۇلارغا يول كۆرسەتكۈچى ۋە قىيامەتتە ئۇلاردىن ھېساب ئالغۇچى، ئۇلارغا يېقىن زاتتۇر. فىقھ ئىستىلاھىدا: «قىز – ئاياللارغا نىكاھ ۋە باشقا ئىشلاردا ئاتىلىق ياكى يېقىن تۇغقاندارچىلىق، ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى بار كىشى»دۇر. قاراڭ: ئىبنى تەيمىييە: «پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 11/62، دارۇلۋەفاﺋ، ئىسكەندەرىييە – مىسىر، م. 2005؛ قازى ئەھمەدنەگەرىي: «دەستۇرۇل ئۆلەماﺋ»، 3/323؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ»، 1799 – بەت.

5. ئىبنى تەيمىييە: «نەقزۇل مەنتىق (نقض المنطق)»، 213 – بەت، دارۇ ئەتائاتۇل ئىلىم، رىياد.
6. ئەلفەناﺋ (الْفَنَاءُ): «يوقىماق، پانىي بولماق» دېگەن مەنىدىكى تەسەۋۋۇف ئاتالغۇلىرىدىن بولۇپ، ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ: 1) قەلبنىڭ تەۋەككۇل، ئىبادەت ۋە بۇلارغا ئالاقىدار ئىشلاردا پەرۋەردىگارىدىن باشقىنى كۆزلىمەسلىكى. قەلبنىڭ پەرۋەردىگارىدىن باشقىغا ئىبادەت قىلىشتىن يوقىلىشى (الْفَنَاءُ عَنْ عِبَادَةِ السِّوَى) دۇر. بۇ ھەق ۋە توغرا بولۇپ، ساپ تەۋھىد ۋە ئىخلاستىن ئىبارەت؛ 2) قەلبنىڭ پەرۋەردىگارىدىن باشقىنى كۆرمەسلىكى (الْفَنَاءُ عَنْ شُهُودِ السِّوَى). بۇ تۈردە كەمچىللىك بار؛ بۇ كۆپلىگەن سالىكلار ئۇچرايدىغان ھالەت بولۇپ، ئەڭ كۆپ مەقسەت قىلىدىغىنىمۇ مۇشۇ تۈردۇر. بۇ تۈر تەسەۋۋۇف ئەھلىنىڭ ئىزاھلىشىچە: «ئاللاھتىن باشقا ھەممە نەرسىنىڭ ھەتتا ئۆزلىرىنىڭمۇ ئۇلارنىڭ كۆرۈشى ۋە ھېس قىلىشىدىن يوقىلىشى»دۇر. بۇ ئەھۋال بىر خىل ئۆزىنى يوقىتىش بولۇپ، «مەستلىك»، «قومۇرۇش»، «ئۆچۈرۈش» ۋە «جەملەش» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مەھبۇبنى كۆرۈش غالىب كەلسە ئۆزىنى يوقىتىپ قويۇشى، نەتىجىدە ئۇنىڭ بىلەن بىرىكىپ، «بىرلەشتىم»، ھەتتا «مەن ئۇنىڭ ئۆزى شۇ» دەپ ئويلاپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. ئەمما، ئەقلىگە كەلگىنىدە ئۆزىنىڭ خاتالاشقانلىقىنى بىلىدۇ. چۈنكى، پەرۋەردىگار پەرۋەردىگاردۇر، بەندە بەندەدۇر. خالىق باشقا، مەخلۇقات باشقىدۇر. مەخلۇقاتلاردا خالىقنىڭ زاتىدىن، خالىقنىڭ زاتىدا مەخلۇقاتلاردىن ھېچبىر نەرسە يوقتۇر. لېكىن، فەناﺋ ۋە مەستلىك ھالىتىدە ھوشىنى يوقىتىپ ئالىجوقا جۆيلۈپ سېلىشى ئېھتىماللىق ئىش. مۇبادا ئەقىل – ھوشى جايىدا چاغدا بۇ تۈرلۈك ئالىجوقا گەپلەرنى قىلسا، بۇ ئەلبەتتە ئازغۇنلۇق بولاتتى. بۇ ۋەجدىن ھوشىنى يوقىتىش سەۋەبلىك گۇناھ يېزىلمايدۇ. بۇ تۈرلۈك ئۆزىنى يوقىتىش كامالەت ياكى ياخشى سۈپەت ئەمەس، تەرغىبمۇ قىلىنمايدۇ. بۇنىڭ ئىگىسى ئەقلى جايىدا بولمىغانلىقتىن قەدىم بىلەن ھادىسنى ئايرىيالماسلىقتا ئۆزرىلىك سانىلىدۇ. 3) قەلبنىڭ پەرۋەردىگارىدىن باشقىنىڭ مەۋجۇدلىقىنى تونۇشىدىن يوقىلىشى (فَنَاءٌ عَنْ وُجُودِ السِّوَى) بولۇپ، بۇ تۈر تەسەۋۋۇف ئەھلىنىڭ ئىزاھلىشىچە: «مەۋجۇدلۇقنىڭ بىرگەۋدىلىشىش نەزەرىيەسىنى ياقىلىغانلارنىڭ فەنائسى بولۇپ، ئۇلار مۇتلەق بىرلىكتە يوقىلىشنى نىشان قىلىدىغان، مەۋجۇدىيەتتىن كۆپلۈك ۋە ساننى نەفيى قىلىدىغان، نەتىجىدە ئۆزگىنى ئەسلا كۆرمەيدىغان، بەلكى بەندىنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى پەرۋەردىگارنىڭ مەۋجۇدلۇقىنىڭ ئۆزى دەپ قارايدىغانلاردۇر». مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ نەزەرىدە پەرۋەردىگار ۋە بەندە يوق بولۇپ، بۇ خىل يوقىلىشتا تائەت ياكى مەئسىيەت دېگەن نەرسە ھەم بولمايدۇ. چۈنكى، تائەت ۋە مەئسىيەت دېگەن ئىتائەت قىلغۇچى ۋە ئىتائەت قىلىنغۇچىدىن ئىبارەت ئىككىلىكنى تەقەززا قىلىدۇ. بۇ ئىككىلىك بولسا ئۇلارنىڭ نەزەرىدە شىركتۇر. ئەمما، ئىمام ئىبنى تەيمىييەدەك ئالىملارنىڭ نەزەرىدە بولسا، بۇ ئۈچىنچى تۈر ئېغىر دەرىجىدە زىندىقلىق ۋە ئازغۇنلۇق بولۇپ، بۇ: «پۈتۈن مەۋجۇدلۇق پەقەت ئاللاھتۇر، ئۇنىڭدىن باشقا مەۋجۇدلۇق يوق» دېگەنلىك بولغاچقا، بۇ تۈر كېيىنكى زامانلاردىكى خالىق بىلەن مەخلۇقنىڭ بىرگەۋدىلىشىش (الْحُلُولُ وَالِاتِّحَادُ) ئەقىدىسىگە ئېتىقاد قىلىدىغان زىندىقلارنىڭ قارىشىدۇر. قاراڭ: جۇرجانىي: «ئەتتەئرىفات»، 217 – بەت؛ ئىبنى تەيمىييە: «پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 2/222 – 313، دوكتور رەفىق ئەلئەجەم: «مَوْسُوْعَةُ مُصْطَلَحَاتِ التَّصَوُّفِ الْإِسْلَامِيِّ (ئىسلامىي تەسەۋۋۇف ئاتالغۇلىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 737 – 738 – بەت، لۇبنان ناشىرۇن. بېيرۇت، م. 1999؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «شەرئىي ئىلىملەر ئاتالغۇلىرى قامۇسى»، 1219 – بەت.
7. ئىبنى تەيمىييە: «ئەلئىكلىل (الإِكْلِيْلُ فِيْ الْمُتَشَابَهِ وَالتَّأْوِيْلِ)»، 44 – بەت، دارۇلئىمان، ئىسكەندەرىيە.
8. يەنى ئاللاھنىڭ زاتى پارچىلاردىن تەركىب تاپقانمۇ ئەمەس، ئاللاھنىڭ زاتى بىرقانچىمۇ ئەمەس. قاراڭ: باجۇرىي: «تۇھفەتۇلمۇرىد»، 163 – بەت.
9. ئەلمۇئەتتىلە (الْمُعَطِّلَةُ): ئەرەبچىدە «بىكار قىلماق، ئىشتىن قالدۇرماق، بوشاتماق، بىكارلىماق ۋە زىننەتتىن، ئىشتىن خالىي بولماق» دېگەن مەنىلەردىكى تەتىل/تەئتىل (التَّعْطِيلُ) كەلىمەسىدىن تۈرلەنگەن بولۇپ، ئەقىدە ئىستىلاھىدا: «ئالەمنى پۇختا ياراتقان، زىننەتلىگەن ياراتقۇچىسىدىن بوش دەپ قارايدىغان ياكى ياراتقۇچى زاتنى ۋە ئۇ زاتنىڭ ئەزەلىي ئىسىم – سۈپەتلىرىنى ئىنكار قىلىدىغان ئازغۇن پىرقە»دۇر. بۇ پىرقەدىكى تەئتىل ئاللاھنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى ئىنكار قىلىدىغان يۈزلىنىش بولۇپ، تەۋھىدتىن چەتنىگەن خاھىشتۇر. بۇ پىرقە دەھرىيلىك بىلەن جاھىلىيەتتىن قالغان پەلسەپەۋى ئېقىملىرىنىڭ يۇغۇرۇلمىسى بولۇپ، ھەممىسى بىرىكىپ زاتى ئىلاھىييەنى ئىنكار قىلىشقا بېرىپ توختايدۇ. دېمەك، بۇ كۇفۇر ۋە شىرك بىلەن زىچ باغلانغان، نىفاق، مۇرتەدلىك ۋە زىندىقلىق بىلەن ئورتاق، مۇشەببىھەلەر بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن پىرقەدۇر. تەئتىل ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، بىرى، جىمى ئىسىم – سۈپەتلەرنى بىكار قىلىدىغان «كۇللىي تەئتىل»، يەنە بىرى، بەزى سۈپەتلەرنىلا بىكار قىلىدىغان «جۈزئىي تەئتىل»دۇر. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «ئىسلام ئەقىدىسى ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 304 – بەت؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «شەرئىي ئىلىملەر ئاتالغۇلىرى قامۇسى»، 1576 – بەت.

10. «ئىبنى تەيمىييە رىسالەلىرى چوڭ مەجمۇئەسى (مجموعة الرسائل الكبرى لابن تيمية)»، 1/439، دارۇ ئىھيائىتتۇراس ئەلئەرەبىي، بېيرۇت.
11. ئىمام جامالۇددىن ئەبۇلفەرەج ئىبنۇلجەۋزىي ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەلى ئىبنى مۇھەممەد ئەلباغدادىي (ابْنُ الجَوْزِيِّ جَمَالُ الدِّيْنِ عَبْدُ الرَّحْمَنِ بنُ عَلِيٍّ البَغْدَادِيُّ، ھ. 510 – 597/م. 1116 – 1201) — نەسەبى ھەزرىتى ئەبۇبەكرىگە تۇتىشىدۇ. ئاتاقلىق مۇھەددىس، تارىخچى، فەقىھ، ھەنبەلىي مەزھەب ئالىملىرىدىن. «زادۇل مەسىر (زاد المسير)» (تەفسىر)، «تەلبىسۇ ئىبلىس (تلبيس إبليس)»، «ئەلمۇنتەزەم فى تارىخىل مۇلۇكى ۋەلئۇمەم (المنتظم في تاريخ الملوك والأمم)»، «ئەلمەۋزۇئات (الموضوعات من الأحاديث المرفوعات)»، «ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ تارىخى (تاريخ عمر بن الخطاب)» ۋە «سەيدۇل خاتىر (صيد الخاطر)» قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىفى.
12. ئىبنۇلجەۋزىي: «دەفئۇ شۇبەھۇتتەئۋىل (دَفْعُ شبه التشْبِيْهِ بأكف التنزيه)» 6 – 9 – بەت. ئەلمەكتەبەتۇل ئەزھەرىييە لىتتۇراس، نەشرگە تەييارلىغۇچى: مۇھەممەد زاھىد كەۋسەرىي، 1 – باسمىسى، قاهىرە.
13. بۇ يەردە مۇئەللىف رەھىمەھۇللاھ ئىمام ئىبنى تەيمىييەنىڭ بۇ دەۋاسىنىڭ تەكشۈرۈپ كۆرۈشكە تېگىشلىك ئىكەنلىكىگە ئىشارە قىلماقچى. چۈنكى، ئۇ دەۋا قىلىۋاتقان تەفۋىز بىلەن سەلەف سالىھنىڭ نەزەرىدىكى تەفۋىز ئارىسىدا روشەن پەرق بار. مۇئەللىف ئېيتقاندەك، ئىمام ئىبنى تەيمىييەنىڭ نەزەرىدىكى تەفۋىز: «لەفزنىڭ زېھىنگە تېز كەلگەن ئەسل مەنىسىدىن ئىبارەت زاھىر مەنىسى ئاللاھ تائالا ھەققىدە بىرەر مۇھاللىقنى لازىم تۇتسىمۇ، لەفزنى شۇ زاھىر مەنىسىگە قارىتىش، ئاندىن شۇ زاھىر مەنىنى ھادىسلەرگە ئوخشىمايدۇ دەپ بايان قىلىش»تۇر. سەلەف سالىھلەرنىڭ نەزەرىدىكى تەفۋىز بولسا: «تەشبىھ گۇمانى قوزغايدىغان لەفزنى زاھىر مەنىسىدىن قايتۇرغاندىن كېيىن، لەفزدىكى مۇرادنى ئاللاھ تائالاغا تاپشۇرۇش»تۇر. قاراڭ: باجۇرىي: «تۇھفەتۇلمۇرىد»، 214 – بەت.
14. فىريابىي: «كىتابۇلقەدەر»، (13)؛ ئەبۇ نۇئەيم: «ھىليەتۇل ئەۋلىياﺋ»، 8/264. دارەقۇتنىي («ئەلئىلەل» 931): «بۇ ئىبنى مەسئۇد ياكى سالمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مەۋقۇف (ساھابەنىڭ سۆزى) دەپ رىۋايەت قىلىنغان» دېگەن. ئىراقىي («تەخرىجۇ ئەھادىيسى ئىھياﺋ»، 1): «بۇنى دەيلەمىي ‹ئەلفىردەۋس بىمەئسۇرىل خىتاب›تا مەرفۇﺋ (پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۆزى) دەپ ئىنتايىن زەئىف سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلغان، بۇ ھەدىس سەھىھ ئەمەس» دېگەن. بۇ سەھىھ بولمىغان رىۋايەت ئورنىغا ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿ئى ئىبلىس! مەن ئۆز قولۇم بىلەن ياراتقان ئىنسانغا سەجدە قىلىشتىن ساڭا نېمە توسقۇنلۇق قىلدى﴾(38/«ساد»: 75) دېگەن سۆزىنى مىسال كەلتۈرۈش تېخىمۇ مۇناسىپتۇر.
15. ئەھمەد (6569)؛ مۇسلىم (2654). ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەتى.
16. ھۆججەتۇلئىسلام غەززالىي: «ئىلجامۇلئاۋام ئەن ئىلمىلكالام»، 27 – بەت، سىراج نەشرىياتى، ئىستانبۇل، 2017.
17. ئەھمەد (18517)؛ ئەبۇ داۋۇد (1468)؛ نەسائىي (1015)؛ ئىبنى ماجە (1342). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەنەدى سەھىھ» دېگەن. بەراﺋ ئىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەتى.
18. ئىبنى ھىببان (5504). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەنەدى سەھىھ» دېگەن.
19. ئىبنى تەيمىييە: «مەجمۇئۇل فەتاۋا (مجموع الفتاوى)»، 12/158. «پادىشاھ فەھد قۇرئان باسما زاۋۇتى» نەشرى.
20. كىتابنىڭ ئەسلىدە بۇ يەردە: «وَأَنَّ عُمُوْمَ قُدْرَةِ اللهِ تَعَالَى لَيْسَتْ بِالنَّصِّ» دەپ كەلگەن. كەينىدىكى جۈملە بىلەن بىرگە قارىغىنىمىزدا، توغرىسى: «ثَبَتَ بِالنَّصِّ» بولسا كېرەك.
21. ئىبنى تەيمىييە: «مىنھاجۇسسۈننە»، 3/15.
22. ئىبنى تەيمىييە: «رىسالەلەر ۋە مەسىلىلەر مەجمۇئەسى (مَجْمُوْعَةُ الرَّسَائِلِ وَالْمَسَائِلِ)»، 5/121. مۇھەممەد رەشىد رىزا نەشرگە تەييارلىغان، لەجنەتۇتتۇراسىل ئەرەبىي، بېيرۇت.
23. ئىبنى تەيمىييە: «قائىدە جەلىلە فىتتەۋەسسۇلى ۋەلۋەسىلە (قاعدة جليلة في التوسل والوسيلة)»، 265 – بەت. فۇرقان كۇتۇبخانىسى، ئەجمان.
24. تەبەررۈك (التَّبَرُّكُ): ئەرەبچىدە «بەرىكەت تىلەش» دېگەنلىكتۇر. ئەقىدە ۋە فىقھ ئىستىلاھىدا: «ئىلاھىي خەيرلىكنىڭ بىرنەرسىدە ئىسپاتلىنىشى»دىن ئىبارەت. بەرىكەت رىزق ۋە ھىدايەت قاتارلىقلارغا ئوخشاشلا ئاللاھتىن كېلىدۇ. بۇ ئايەتلەر بىلەن ئىسپاتلانغان ئەقىدەدۇر. ھەدىس شەرىفتىمۇ «بەرىكەت ئاللاھتىن» دېيىلگەن. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۆزى مۇبارەك زات بولغاچقا، ئالىملار بىردەك پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ۋە ئۇ زاتقا تەۋە نەرسىلەرنى تەبەررۈك قىلىشقا بولىدۇ دەپ قارايدۇ. تارىخ ۋە سىيرەت كىتابلىرىدا ساھابە كىراملارنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ۋە ئۇ زاتقا تەۋە نەرسىلەرنى تەبەررۈك بىلگەنلىكى ھەققىدىكى ھەدىسلەر نۇرغۇندۇر. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 10/69 – 70.

25. ئىبنى تەيمىييە: «رىسالەلەر ۋە مەسىلىلەر مەجمۇئەسى»، 1/7.
26. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (2753)؛ مۇسلىم (206). ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەتى.
27. مۇئەللىف بۇ يەردە ئىمام ئىبنى تەيمىييەنىڭ بۇ دەۋاسىنىڭ تەكشۈرۈپ كۆرۈلۈشكە تېگىشلىك ئىكەنلىكىگە ئىشارە قىلماقچى. چۈنكى، «سەھىھۇلبۇخارىي»دا قەھەتچىلىك بولغاندا ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ مۇنداق دۇئا قىلغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان: «اللَّهُمَّ إِنَّا كُنَّا نَتَوَسَّلُ إِلَيْكَ بِنَبِيِّنَا فَتَسْقِينَا، وَإِنَّا نَتَوَسَّلُ إِلَيْكَ بِعَمِّ نَبِيِّنَا فَاسْقِنَا (ئى ئاللاھ! بىز ئىلگىرى ساڭا پەيغەمبىرىمىز بىلەن تەۋەسسۇل قىلاتتۇق، يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرەتتىڭ، ئەمدى ساڭا پەيغەمبىرىمىزنىڭ تاغىسى بىلەن تەۋەسسۇل قىلىمىز، يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرگىن)» (964). ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ بۇ سۆزى ساھابەلەرنىڭ ساھابەلەر بىلەن تەۋەسسۇل قىلغانلىقى ۋە بۇ تەۋەسسۇلنىڭ ھەزرىتى ئابباسنىڭ زاتى بىلەن تەۋەسسۇل قىلىش ئىكەنلىكىدە ناھايىتى ئوچۇقتۇر. قاراڭ: ئىمام كەۋسەرىي: «كەۋسەرىي ماقالەلىرى (مَقَالَاتُ الْكَوْثَرِيِّ)»، 340 – بەت، تەۋفىيقىييە كۇتۇبخانىسى، قاھىرە.
28. مۇئەللىفنىڭ بۇ يەردە «بۇ سەلەفىيلەرنىڭ نەزەرىدە ئاللاھنىڭ غەيرىدىن ياردەم تىلەش مۇتلەق مەنئى قىلىنغاندۇر» دېگەن گېپىنى تەكشۈرۈپ بېقىش كېرەك. چۈنكى، ئىمام ئىبنى تەيمىييە ئېنىق قىلىپ مۇنداق بايان قىلغان: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ھايات ۋاقتىدا ياردەم تىلەش جائىز بولۇپ، ئۇ زاتتىن مەزلۇملارنى يۆلەش، ئاچلارنى تويغۇزۇش، ئۇسسۇزلارنى سۇغۇرۇش، ئەسىرلەرنى قۇتقۇزۇش، قەرزدارنىڭ قەرزىنى تۆلىۋېتىش، دىننى بايان قىلىش، قارشىلاشقۇچىلارنىڭ شۈبھىلىرىنى يوقىتىش ۋە سورىغۇچىلارغا جاۋاب بېرىشتەك ئىشلارنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. مەنئى قىلىنغىنى بولسا مەخلۇقنىڭ قولىدىن كەلمەيدىغان ئىشنى، بولۇپمۇ ئۆلۈك ياكى يىراقتىكى بىرسىدىن ھايات چېغىدا قولىدىن كېلىدىغان ۋە كەلمەيدىغان ئىشنى تىلەشتۇر. پەيغەمبەردىن تۆۋەن مەرتىبىدىكى ئومۇم مۇئمىنلەردىنمۇ ھايات ۋاقىتلىرىدا مەزكۇر قىيىنچىلىقلارنى ھەركىم ئۆز قۇربىگە يارىشا ھەل قىلىشى ئۈچۈن ياردەم تىلىنىدۇ ۋە تەلەپ قىلىنىدۇ». قاراڭ: ئىمام ئىبنى تەيمىييە: «ئەررەددۇ ئەلەلبەكرىي»، 1/162، 195، 196.
29. تەبەرانىي «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»نىڭ كۈنىمىزگىچە يېتىپ كەلمىگەن ئۇبادە ئىبنى سامىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەتلىرى قىسمىدا ئۇبادە ئىبنى سامىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان. بۇ رىۋايەتنى ئىمام ئىبنى كەسىر «جامىئۇلمەسانىيد» (4/568) ناملىق توپلىمىدا سەنەدىنى تۇتاشتۇرۇپ رىۋايەت قىلغان بولسىمۇ، «تەفسىر»ىدە (5/333) نامەلۇم بىر راۋىي بار سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلغان ۋە: «بۇ ھەدىس بەكلا غەرىب» دېگەن. بۇ «زەئىف» دېمەكتۇر. ھەيسەمىي («مەجمەئۇززەۋائىد»، 17276، 12784): «بۇنى تەبەرانىي ‹ئەلمۇئجەمۇل كەبىر›دە رىۋايەت قىلغان. ئىبنى لەھىيئەدىن باشقا راۋىيلىرى سەھىھ ھەدىس توپلاملىرىدىكى راۋىيلەردۇر، ئىبنى لەھىئەنىڭ رىۋايەتى ھەسەن. بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد (22758) مۇ يېقىن لەفز بىلەن رىۋايەت قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ سەنەدىدە ئىبنى لەھىيئە بولۇش بىلەن بىرگە ئىسمى ئاتالمىغان باشقا بىر راۋىي بار» دېگەن… شۇڭا، ئىمام ئەھمەدنىڭ رىۋايەتى شۇئەيب ئەلئەرنائۇت دېگەندەك «زەئىف»تۇر. ئىمام ئەھمەدنىڭ رىۋايەتىدە: «ماڭا ئۆرە تۇرۇلمايدۇ، ئاللاھقىلا ئۆرە تۇرۇلىدۇ» دېيىلگەن. دېمەك، بۇ ئىككى رىۋايەتنىڭ ئىسنادى بىر بولۇپ، «زەئىف»تۇر. ئىمام ئىبنى تەيمىييەمۇ («ئەررەددۇ ئەلەلبەكرىي»، 1/307) بۇ ھەدىسنى شەرئىي ھۆكۈمنى ئىسپاتلاشتا ئاساس قىلىنىپ تىلغا ئېلىنمىغانلىقىنى، بەلكى ئۇنىڭ مەزمۇنى قۇرئان ۋە ھەدىستىن مەلۇم بولغان مەزمۇنلارغا ئۇدۇل كەلگەنلىكتىن، شۇ مەزمۇننى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن تىلغا ئېلىنغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
30. ئىبنى تەيمىييە: «رىسالەلەر ۋە مەسىلىلەر مەجمۇئەسى»، 1/55.
31. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1330) ؛ مۇسلىم (529). ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەتى.
32. مالىك (414)؛ ئابدۇرراززاق (1587). ئەتاﺋ ئىبنى يەسار «مۇرسەل» رىۋايەت قىلغان.
33. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1189)؛ مۇسلىم (1397). ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەتى.

Please follow and like us: