ئېتىقادىي مەزھەبلەر (6) ماتۇرىيدىيلەر

ئېتىقادىي مەزھەبلەر (6) ماتۇرىيدىيلەر

[218] ماتۇرىيدىيلەر ئىمام ماتۇرىيدىيغا نىسبەت بېرىلىپ شۇنداق ئاتىلىدۇ. ئىمام ماتۇرىيدىي (ھ. 238 – 333/م. 852 – 944) نىڭ تولۇق ئىسمى مۇھەممەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى مەھمۇد بولۇپ، ئەبۇ مەنسۇر ماتۇرىيدىي دەپ تونۇشلۇقتۇر. ئۇ ماتۇرىدتا تۇغۇلغان. ماتۇرىد — ماۋەرائۇننەھرنىڭ سەمەرقەند شەھىرىدىكى بىر مەھەللىنىڭ ئىسمى. ئۇنىڭ ھىجرىيە 333 – يىلى ۋاپات تاپقانلىقى ئېنىقتۇر. ئۇ ھىجرىيە ئۈچىنچى ئەسىرنىڭ ئاخىرقى ئوتتۇز يىلىدا، يەنى مۇئتەزىلەلەر نەق مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئاۋۋالقى ئوتتۇز يىلىدا فەقىھ ۋە مۇھەددىسلەرگە سالغان ئەزىيەتلىرىنىڭ جازاسى سۈپىتىدە خەلقنىڭ غەزەپ – نەپرىتىگە ئۇچرىغان بىر ۋاقىتتا ئىلىم ئۆگەنگەن.

ئۇنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى جەزمىي شەكىلدە مەلۇم ئەمەس، لېكىن ئۇنىڭ ئۈچىنچى ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تۇغۇلغانلىقى ئاشكارىدۇر. ئۇنىڭ ھ. 268 – يىلى ۋاپات تاپقان نەسر ئىبنى يەھيا ئەلبەلخىيدا ھەنەفىي فىقھىسى ۋە كالام ئىلىملىرىنى ئۆگەنگەنلىكى ئېنىق ئىسپاتلانغان.

بۇ دىيار فىقھ ۋە ئۇسۇلۇلفىقھ(1) ھەققىدە بەس – مۇنازىرىلەرنىڭ ماكانى بولغانىدى، ھەنەفىيلەر ۋە شافىئىيلار ئوتتۇرىسىدا فىقھىي مۇنازىرىلەر بولۇپ تۇراتتى. ماتەم مۇراسىملىرى مەسجىدتە مۇنازىرىلەر بىلەن ئۆتكۈزۈلەتتى.

فۇقەھائ‍ ۋە مۇھەددىسلەر بىلەن مۇئتەزىلەلەر ئارىسىدا جەڭ تازا چىڭىغا چىققاندا، فىقھ ۋە ئۇسۇلۇلفىقھ ھەققىدە مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلغاندەك، ئىلمى كالام ھەققىدە مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلاتتى. ئىمام ماتۇرىيدىي پىكىر ۋە ئەقىل نەتىجىلىرى بەيگىگە چۈشكەن ئەنە شۇ مەزگىلدە ياشىغان. ئۇ ھەنەفىي مەزھەبىدە بولۇپ، ئۇسۇلۇددىن ساھەسىدە ئىزلىرى بولغاندەك، فىقھ ۋە ئۇسۇلۇلفىقھ ساھەسىدىمۇ ئىزلىرى بار ئىدى. ئۇ شۇ ساھەلەردە فۇقەھائ‍ ۋە مۇھەددىسلەر بىلەن مۇنازىرىلەشكەن، لېكىن ئىمام ئەشئەرىينىڭ مېتودىدىن باشقا بىر مېتود بىلەن مۇنازىرىلەشكەن. ئەمما، ئىككىسى كۆپ نەتىجىلەردە ئوخشىشىپ قالغان، ھەممىسىدە ئەمەس. ئىنشائاللاھ بۇنى بايان قىلىمىز.

[219] ھەنەفىي ئالىملىرىدىن كۆپ كىشىلەر ئىمام ماتۇرىيدىي يەتكەن نەتىجىلەرنىڭ ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەقىدە تېمىسىدا مۇقىملاشتۇرغان بايانلار بىلەن تامامەن ئۇيغۇنلىشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۇسۇلۇددىن ھەققىدىمۇ ئىزلىرى بار ئىدى، ھەتتا ئۇ بۇ ئىلىمدە بارماق بىلەن سانىۋالغۇدەك بىر چەككە يەتكەن. ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ شۇنداق دېگەنلىكى ھېكايە قىلىنغان. راۋىيلار ئېيتقاندەك، ئۇ ئەقىدە بارىسىدا مۇنازىرىلىشىش ئۈچۈن 22 قېتىم بەسرەگە سەپەر قىلغان. بۇ ئىشلار ئۇ فىقھىي تەتقىقاتقا پۈتۈنلەي بېرىلىشتىن بۇرۇن بولغان. شۇ ئاشكارىدۇركى، زىندىقلار ۋە ئۇلاردىن باشقىلاردىن ئىبارەت ئىسلام ئەقىدىسىنى بۇزۇشنى خاھلايدىغانلار ئۇنىڭ دەۋرىدە ھەدەپ پىكرىي فىتنەلەرنى تېرىۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ كونا تەتقىقاتىنى توختىتىپ قويۇشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

ئىمام ئەبۇ ھەنىفەدىن بۇ ئىلىم بارىسىدا كىچىك رىسالەلەر قالغان بولۇپ، گەرچە كىمنىڭ قەلەمگە ئالغانلىقى ئالىملارنىڭ ئىختىلاپ ئوبيېكتى بولسىمۇ، ئۇ رىسالەلەر ئۆز ئىچىگە ئالغان ئومۇمىي مەلۇماتلارنىڭ ئۇنىڭغا تەۋەلىكى ئىسپاتلانغان.

بۇ رىسالەلەر: «ئەلفىقھۇل ئەكبەر (الفِقْهُ الْأَكْبَرُ)»، «ئەلفىقھۇل ئەبسەت (الفِقْهُ الْأَبْسَطُ)»، «ئەبۇ ھەنىفەنىڭ ئوسمان ئەلبەتتىيگە رىسالەسى (رِسَالَةُ أَبِيْ حَنِيْفَةَ إِلَى عُثْمَانَ البَتِّيِّ)»، «ئەبۇ ھەنىفەنىڭ شاگىرتى يۈسۈف ئىبنى خالىد ئەسسەمتىيگە ۋەسىيىتى (وَصِيَّةُ أَبِيْ حَنِيْفَةَ لِتِلْمِيْذِهِ يُوْسُفَ بْنِ خَالِدٍ السَّمْتِيِّ)»، «كىتابل ئىلىم (كِتَابُ الْعِلْمِ بَرًّا وَبَحْرًا وَشَرْقًا وَغَرْبًا وَبُعْدًا وَقُرْبًا)» قاتارلىقلار.

ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرى، ئىماننىڭ ماھىيىتى، ئاللاھنى تونۇش ئەقىل سەۋەبى بىلەن ۋاجىبمۇ ياكى شەرىئەت سەۋەبى بىلەن ۋاجىبمۇ، پېئىللارنىڭ ئەسلىي گۈزەللىكى ۋە ئەسلىي قەبىھلىكى بارمۇ، ئىنساننىڭ پېئىللىرى ۋە ئۇنى ئاللاھ تائالانىڭ پۈتكۈل مەخلۇقات ئۈستىدىكى ھۆكۈمرانلىقىغا بويۇنتاۋلىق قىلماستىن بەندىنىڭ قۇدرىتىگە قانچىلىك نىسبەت بەرگىلى بولىدىغانلىقى، قازايىقەدەر ۋە ئۇندىن باشقىلاردىن ئىبارەت ئوتتۇرىغا چىققان ھەربىر مەسىلە ھەققىدە مۇشۇ رىسالەلەردىن مۇستەقىل بىر قاراشنى يەكۈنلىگىلى بولىدۇ.

[220] ئىراق فۇقەھائىنىڭ شەيخى ئىمام ئەبۇ ھەنىفەدىن قالغان بۇ قاراشلار بىلەن ئىمام ئەبۇ مەنسۇر ماتۇرىيدىي كىتابلىرىدا بايان قىلغان قاراشلارنى ئىلمىي سېلىشتۇرۇشلاردىن بۇ قاراشلارنىڭ ئومۇمىي يىلتىزلىرىدا ئۆزئارا ئۇچرىشىدىغانلىقى ئايان بولغان. شۇ سەۋەبتىن، ئالىملار ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ ئەقىدە ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئىمام ماتۇرىيدىينىڭ قاراشلىرى شاخلىنىپ چىققان يىلتىز دەپ قارار قىلغان. ئىراق ئالىملىرى ۋە ئۇلارغا يېقىن بولغان شاملىقلار ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ فىقھىي قاراشلىرى بويىچە مەسىلە شاخلىتىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، باشتا ئۆزلىرى ئارىسىدا تارقالغان فەقىھ ۋە مۇھەددىسلەرنىڭ قاراشلىرى بىلەن، ئاندىن كېيىن ئەشئەرىيلەرنىڭ قاراشلىرى بىلەن كۇپايىلەنگەنلىكتىن، ئەبۇ ھەنىفەنىڭ ئەقىدىدىكى قاراشلىرىنى تەتقىق قىلىشقا ئەھمىيەت بەرمىگەن بولسا، ماۋەرائۇننەھر ئالىملىرى فىقھىي شاخلىتىشقا ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىرگە، ئەبۇ ھەنىفەنىڭ ئەقىدە ھەققىدىكى قاراشلىرىنى تەتقىق قىلىش، شەرھلەش، ئىزاھلاش ۋە ئۇنى ئەقلىي دەلىللەر، مەنتىقىي قىياسلار بىلەن كۈچلەندۈرۈش قاتارلىقلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن.

شۈبھىسىزكى، ئىمام ماتۇرىيدىي بىزنى ئۇنىڭ قاراشلىرى بىلەن ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ قاراشلىرى ئوتتۇرىسىدا قانچىلىك مۇناسىۋەت بارلىقىنى ئىزدىشىمىزگە قويۇپ بەرمەيلا، ئۆزىنىڭ ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ «ئەلفىقھۇل ئەبسەت (الفِقْهُ الْأَبْسَطُ)»، «ئەبۇ ھەنىفەنىڭ ئوسمان ئەلبەتتىيگە رىسالەسى (رِسَالَةُ أَبِيْ حَنِيْفَةَ إِلَى عُثْمَانَ البَتِّيِّ)»، «ئالىم ۋە مۇتەئەللىم (الْعَالِمُ وَالْمُتَعَلِّمُ)»، «ئەبۇ ھەنىفەنىڭ شاگىرتى يۈسۈف ئىبنى خالىد ئەسسەمتىيگە ۋەسىيىتى (وَصِيَّةُ أَبِيْ حَنِيْفَةَ لِتِلْمِيْذِهِ يُوْسُفَ بْنِ خَالِدٍ السَّمْتِيِّ)» قاتارلىق كىتابلىرىنى رىۋايەت قىلغانلىقىنى ئوچۇق ئېيتىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ كىتابلارنى ئەبۇ نەسر ئەھمەد ئىبنى ئابباس، ئەھمەد ئىبنى ئىسھاق جۇزجانىي ۋە نەسر ئىبنى يەھيا بەلخىي قاتارلىق ئۇستازلىرىدىن رىۋايەت قىلغانلىقى، بۇلارنىڭ مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن شەيبانىينىڭ شاگىرتى ئەبۇ سۇلايمان مۇسا جۇزجانىيدىن رىۋايەت قىلغانلىقى، بۇ ئەبۇ سۇلايماننىڭ ئۆزىنىڭ ئۇستازى ئۇشبۇ مۇھەممەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغانلىقىنى زىكىر قىلىدۇ.

مۇشۇ سەنەدنىڭ ئايىغىدا «ئىشاراتۇل مەرام (إشارات المرام)»نىڭ مۇئەللىفى مۇنداق دەيدۇ: «ئىمام ماتۇرىيدىي ئاشۇ ئاساسلارنى ئۆزىنىڭ كىتابلىرىدا قەتئىي دەلىللەر بىلەن تەھقىقلىگەن ۋە يارقىن جەزمىي پاكىتلار بىلەن پۇختا شاخلاتقان»(2).

مەرھۇم دوستىمىز شەيخ (مۇھەممەد زاھىد) كەۋسەرىي (ھ. 1296 – 1371/م. 1879 – 1952) «ئىشاراتۇل مەرام» ناملىق كىتابقا يازغان مۇقەددىمەسىدە مۇنداق دەيدۇ: «ماۋەرائۇننەھر دىيارىدا سۈننەت كۆڭۈللەرگە دەتالاشسىز ھۆكۈمران بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ دىيار ھاۋايى – ھەۋەس ۋە بىدئەتلەردىن خالىي ئىدى. ئەنە شۇ ئەسەرلەر ئەۋلادمۇئەۋلاد يۆتكەلدى. ئاخىرىدا، ماۋەرائۇننەھردىكى ‹ئەھلىسۈننەت ئىمامى، ”ئىمامۇلھۇدا (ھىدايەت ئىمامى)“› دەپ تونۇلغان ئەبۇ مەنسۇر مۇھەممەد ماتۇرىيدىي مەيدانغا كېلىپ، مەخسۇس بۇ ئەسەرلەرنىڭ مەسىلىلىرىنى تەھقىقلىدى ۋە دەلىللىرىنى تەتقىق قىلدى. نەتىجىدە ئۇ ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن ئەقىل تەرەپنىمۇ ۋە شەرىئەت تەرەپنىمۇ قاندۇردى»(3).

[221] بۇنىڭدىن شۇ ئايان بولىدۇكى، ئىمام ئەبۇ مەنسۇر ماتۇرىيدىي ئەقىدە ھەققىدىكى نەزەرىيەلىرىنى بۇ رىسالەلەردىكى ئىمام ئەبۇ ھەنىفەدىن قالغان ئىزنالار ئۈستىگە بەرپا قىلغان. ئىمام ئەبۇ مەنسۇر ماتۇرىيدىي ئۇ رىسالەلەرنى ئىمام ئەبۇ ھەنىفەدىن ئۆزى رىۋايەت قىلغان ۋە شۇنىڭغا ئاساسەن مەسىلىلەرنى شاخلاتقان، ئۇنىڭدا ئىسپاتلانمىغاننى ئۇنىڭدا ئىسپاتلانغىنىغا قايتۇرغان ئىدى. دېمەك، ئۇ شەرىئەت مەسىلىلىرىنى مەنتىقىلىق ئەقلىي دەلىللەر ۋە شەككە ئورۇن قالمىغۇدەك پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلايدۇ.

ئۇ ئۆزى تەتقىق قىلغان تېمىلاردا كۆپلىگەن كىتابلارنى يازغان. ئۇلاردىن:

1. كِتَابُ تَأْوِيْلِ القُرْآنِ (تأويلات أهل السنة)

2. كِتَابُ مَآخِذِ الشَّرَائِعِ

3. كِتَابُ الجَدَلِ

4. كِتَابُ الأُصُوْلِ فِيْ أُصُوْلِ الدِّيْنِ

5. كِتَابُ المَقَالَاتِ فِي الْكَلَامِ

6. كِتَابُ التَّوْحِيْدِ

7. كِتَابُ رَدِّ أَوَائِلِ الْأَدِلَّةِ لِلْكَعْبِيِّ

8. رَدُّ تَهْذِيْبِ الْجَدَلِ لِلْكَعْبِيِّ

9. رَدُّ الْأُصُوْلِ الْخَمْسَةِ لِأَبِيْ مُحَمَّدٍ الْبَاهِلِيِّ

10. رَدُّ كِتَابِ الإِمَامَةِ لِبَعْضِ الرَّوَافِضِ

11. اَلرَّدُّ عَلَى الْقَرَامِطَةِ

بەزى ئالىملار ئۇنىڭ ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا نىسبەت بېرىلگەن «ئەلفىقھۇل ئەكبەر (الفِقْهُ الْأَكْبَرُ)» دېگەن كىتابقا بىر شەرھ تۈزگەنلىكىنى ئېيتقان بولسىمۇ، لېكىن ئىلمىي تەكشۈرۈش ئارقىلىق مەزكۇر شەرھنىڭ تونۇلغان ھەنەفىي فەقىھ ئەبۇللەيس سەمەرقەندىيگە(4) تەۋە ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى.

ئىمام ئەبۇ مەنسۇر ماتۇرىيدىينىڭ مېتودى ۋە قاراشلىرى

ئاۋۋال: ئۇنىڭ مېتودى

[222] ئىمام ئەبۇ مەنسۇر ماتۇرىيدىي ۋە ئەبۇلھەسەن ئەشئەرىي بىر دەۋردە ياشىغان ۋە ئىككىلىسى ئوخشاش بىر مەقسەت ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان، بىراق ئۇلارنىڭ بىرى رەقىبلەرنىڭ لاگىرىغا يېقىن يەردە تۇرغانىدى، ئۇ بولسىمۇ ئىمام ئەشئەرىيدۇر. چۈنكى، ئۇ مۇئتەزىلىلىكنىڭ ئۇۋىسى ۋە ئۈنۈپ چىققان جايى بولغان بەسرەدە تۇرغان. ئىراقتا فەقىھ ۋە مۇھەددىسلەر بىلەن مۇئتەزىلەلەر ئارىسىدا جەڭلەر بولغان بولۇپ، بەسرە ئىراقنىڭ مەركىزىي شەھەرلىرىنىڭ بىرى ئىدى. ئەبۇ مەنسۇر ماتۇرىيدىي بولسا جەڭ ئورنىدىن يىراق يەردە تۇرغان، لېكىن ئۇ تۇرغان يەرلەردىمۇ جەڭنىڭ سادالىرى ئەكس ئېتىپ تۇراتتى. چۈنكى، ماۋەرائۇننەھر يۇرتلىرىدىمۇ ئىراق مۇئتەزىلىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى تەكرارلايدىغان بىر قىسىم مۇئتەزىلەلەر بار ئىدى. ئىمام ماتۇرىيدىي شۇلارغا قارشى تۇرغانىدى.

ئىمام ماتۇرىيدىي بىلەن ئىمام ئەشئەرىي ئىككىلىسىنىڭ قارشى تۇرغان رەقىبى بىر بولغانلىقى ئۈچۈن، نەتىجىلەرمۇ يېقىنلىشىپ قالغان، لېكىن بىرلەشمىگەن. كۆپ كىشىلەر «ئەشئەرىيلەر بىلەن ماتۇرىيدىيلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپ چوڭ ئەمەس» دەپ قارىغانىدى، ھەتتا ئۇستاز شەيخ مۇھەممەد ئابدۇھ «ئەلئەقائىدۇل ئەزۇدىييە (العقائد العضدية)»گە يازغان ئىزاھىدا ماتۇرىيدىيلەر بىلەن ئەشئەرىيلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپنىڭ 30 ئەسلدىن ئېشىپ كەتمەيدىغانلىقى(5)، يەنە كېلىپ، ئۇلاردىكى ئىختىلاپنىڭ لەفزىي ئىختىلاپ ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان(6).

لېكىن، ئىمام ماتۇرىيدىي قاراشلىرى بىلەن ئىمام ئەشئەرىي قاراشلىرىنى ئىنچىكە ۋە چوڭقۇر تەتقىق قىلغىنىمىزدا، ئىككى ئىمامنىڭ تەپەككۇرى ۋە تەپەككۇر يەكۈنىدە بىر پەرق بارلىقىنى كۆرىمىز. شەكسىزكى، ئىككىلىسى «قۇرئان» ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەقىدىلەرنى ئەقىل ۋە لوگىكىلىق پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنغان. ئىككىلىسى «قۇرئان»نىڭ ئەقىدىلىرىگە باغلانغان. لېكىن، ئۇلارنىڭ بىرى يەنە بىرىگە قارىغاندا ئەقىلگە كۆپرەك ھوقۇق بەرگەن، مەسىلەن: ئەشئەرىيلەر «ئاللاھنى تونۇش شەرىئەت سەۋەبى بىلەن ۋاجىب» دەپ قارىسا، ماتۇرىيدىيلەر — ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ يولىغا ئەگەشكەنلىكى ئۈچۈن — «ئاللاھنى تونۇشنىڭ ۋاجىبلىقى ئەقىل بىلەن مەلۇم بولىدۇ (يەنى ئاللاھنى تونۇش ئەقىل سەۋەبى بىلەن ۋاجىب)» دەپ قارايدۇ.

ئەشئەرىيلەر «شارىئتىن بۇيرۇق كەلمەيمۇ، شەيئىلەرنىڭ ئەقىل بىلەلەيدىغان ئەسلىي گۈزەللىكى بار» دەپ قارىمايدۇ، ماتۇرىيدىيلەر بولسا «شەيئىلەرنىڭ ئەقىلمۇ بىلەلەيدىغان ئەسلىي گۈزەللىكى بار» دەپ قارايدۇ. كۆپلىگەن ئىختىلاپنى مۇشۇ يوسۇندا ئۇچرىتىمىز. شۇ جەھەتتىن، شۇنداق يەكۈن چىقىرىمىزكى، ماتۇرىيدىيلەرنىڭ مېتودىدا ھېچقانداق چەكتىنمۇ ئاشۇرۇۋەتمەستىن، كەممۇ قىلماستىن ئەقىلگە چوڭ ھوقۇق بېرىلگەن. ئەشئەرىيلەر نەقىلگە باغلىنىپ، نەقىلنى بەكرەك كۈچەيتكەن. بۇلارنى تەتقىق قىلغان كىشى «ئەشئەرىيلەر مۇئتەزىلەلەر بىلەن ئەھلى فىقھ ۋە ئەھلى ھەدىسنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى سىزىقتا، ماتۇرىيدىيلەر مۇئتەزىلەلەر بىلەن ئەشئەرىيلەر ئوتتۇرىسىدىكى سىزىقتا» دەپ يەكۈن چىقارغىلى تاس قالىدۇ. ھەممىسىنىڭ ئەھلى ئىمان قاتارىدىن ئىكەنلىكىدە مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا ھېچبىر ئىختىلاپ يوق بۇ تۆت ئىسلامىي پىرقە ئەگەر «تۆت بۆلەكلىك بىر مەيداندا ماڭدى» دېسەك، مۇئتەزىلەلەر مەيداننىڭ بىر تەرىپىدە، ئەھلى ھەدىس يەنە بىر تەرىپىدە ماڭغان. مۇئتەزىلەلەرگە يېقىنراق بۆلەكتە ماتۇرىيدىيلەر ماڭغان، مۇھەددىسلەرگە يېقىنراق تۆتىنچى بۆلەكتە ئەشئەرىيلەر ماڭغان.

[223] ئىمام ماتۇرىيدىي شەرىئەتنىڭ يېتەكچىلىكى ئاساسىدا ئەقىلگە تايىنىدۇ، ئەقلىي تەپەككۇرنى ۋاجىب دەپ قارايدۇ. بۇنىڭغا فەقىھ ۋە مۇھەددىسلەر قارشى پىكىردە تۇرغان بولۇپ، ئۇلار ئەقىلنىڭ تېيىلىپ ئېزىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكتىن، «نەقىلگىلا تايىنىش، ھەقنى پەقەت نەقىلدىنلا ئىزدەش ۋاجىب» دەپ قارايدۇ.. ئىمام ماتۇرىيدىي بۇنىڭغا رەددىيە بېرىپ «ئەتتەۋھىد (التوحيد)» ناملىق كىتابىدا: «شۈبھىسىزكى، مانا بۇ شەيتاننىڭ ئويلىرى ۋە ۋەسۋەسىسىدۇر. ئەقىلنى ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ئەقىلدىن باشقا ھېچبىر دەلىلى يوق. بۇ ئۇلارنى ئەقىلنىڭ زۆرۈرلۈكىگە ئۇناشقا قىستايدۇ. ئۇلار قانداقمۇ ئەقىلنى ئىنكار قىلالىسۇن؟! ھالبۇكى ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنى ئەقىلنى ئىشلىتىشكە چاقىرغان، ئۇلارنى تەپەككۇر قىلىشقا، ئويلىنىشقا بۇيرۇغان، ئۇلارنى ۋەز – نەسىھەت ئېلىشقا ۋە ئىبرەت ئېلىشقا ئۈندىگەن تۇرسا! مانا بۇ ئەقىل ۋە تەپەككۇرنىڭ ئىلىمنىڭ مەنبەلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىگە دەلىل» دەيدۇ(7).

بىز ئۇنىڭ ئەقىدە ئىلمىنى ھاسىل قىلىشتىكى ئىختىلاپنىڭ توچكىسىنى بايان قىلغانلىقىنى كۆرىمىز. ئەقىدە ئىلمىنىڭ پەقەت نەقىلدىنلا ئىبارەت بىرلا مەنبەسى بارمۇ؟ ياكى نەقىلدىن باشقا ئەقىلدىن ئىبارەت يەنە بىر مەنبەسىمۇ بارمۇ؟ بىز ئۇنىڭ نەقىلمۇ مەنبە، ئەقىلمۇ مەنبە دەپ تونۇشتۇرغانلىقىنى كۆرىمىز.

ماتۇرىيدىي ئەقىلنىڭمۇ بىلىش مەنبەلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىگە ۋە ئەقىلنىڭ خاتالىشىپ قېلىش خەۋپى بارلىقىغا قوشۇلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ خاتالىشىپ قېلىشتىن قورقۇشى ئۇنى مۇھەددىس ۋە فۇقەھائدەك ئەقىل ۋە تەپەككۇردىن چەكلەشكە ئېلىپ بارمىغان، بەلكى ئۇنى ئېھتىياتچان بولۇشقا، ئەقىل بىلەن بىرگە نەقىلگە تايىنىش ئارقىلىق خاتالىقتىن ساقلىنىشقا ئېلىپ بارغان. ئىمام ماتۇرىيدىي ئېيتىدۇ: «كىمكى بۇنى (يەنى ئەقىل ئىشىدا نەقىلگە تايانغان ئاساستا ئېھتىياتچان بولۇشنى) ئىنكار قىلسا، ئەقىلدىن يېپىق نەرسىلەرنىڭمۇ ماھىيىتىنى بىلىشنى ئىستىسە، پەيغەمبەرنىڭ ھېچبىر كۆرسەتمىسى يوق ھالدا ئۆزىنىڭ چەكلىك ۋە كەمتۈك ئەقلى بىلەن خۇدالىقنىڭ جىمى ھېكمەتلىرىنى ئىگىلەشنى مەقسەت قىلسا، ئەقىلگە زۇلۇم قىلغان بولىدۇ، ئەقىلگە كۆتۈرەلمەيدىغان نەرسىنى ئارتىپ قويغان بولىدۇ»(8).

بۇ گەپنىڭ نەتىجىسى شۇكى، ئىمام ماتۇرىيدىي شەرىئەتكە خىلاپ بولمىغان ئىشلاردا ئەقىلنىڭ ھۆكمىنى تۇتىدۇ. ئەگەر شەرىئەتكە خىلاپ بولسا، ئەلبەتتە شەرىئەتنىڭ ھۆكمىگە بويسۇنىدۇ.

[224] نەسلەردىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ ئەقىل ئىشلىتىشنىڭ ۋاجىبلىقىدىن ئىبارەت بۇ پرىنسىپ ئۇنىڭ «قۇرئان كەرىم»نى تەفسىرلەشتىكى رەھبىرى ئىدى. شۇڭا، ئۇ «قۇرئان كەرىم»نى تەفسىرلەشتە مۇتەشابىھ (قاراتمىلىقى نائېنىق) نى مۇھكەم (قاراتمىلىقى ئېنىق) گە بويسۇندۇرۇپ، مۇتەشابىھنى مۇھكەم دالالەت قىلىدىغان مەنا بويىچە تەئۋىل قىلىدۇ. ئەگەر مۇئمىندە تەئۋىل قىلىشقا ئەقلىي تاقەت بولمىسا، ئۇ چاغدا تەفۋىز (يەنى مەنىنى ئاللاھقا تاپشۇرۇش) ئەۋزەلدۇر. شۇڭا، ئۇ ئىمكانقەدەر «قۇرئان»نى «قۇرئان» بىلەن تەفسىرلەيدۇ. چۈنكى، «قۇرئان»نىڭ بىر يېرى بىلەن يەنە بىر يېرى توقۇنۇشمايدۇ. ﴿وَلَوۡ كَانَ مِنۡ عِندِ غَيۡرِ ٱللَّهِ لَوَجَدُواْ فِيهِ ٱخۡتِلَٰفٗا كَثِيرٗا /ئەگەر قۇرئان ئاللاھتىن باشقا بىرى تەرىپىدىن بولغان بولسا ئىدى، ئەلبەتتە ئۇلار ئۇنىڭدىن نۇرغۇن زىددىيەتلەرنى تاپقان بولاتتى﴾(4/«نىساﺋ»: 82).

ئەنە شۇ پرىنسىپ ئۇنى مۇئتەزىلەلەرنىڭ بەزى ئەقلىي يوللىرىدا ئۇلارغا مۇۋاپىق كېلىشكە، يەنە كۆپ قىسىمىدا ئۇلارغا مۇخالىپ كېلىشكە ئېلىپ بارغان. چۈنكى، ئۇ يۇقىرىدا ئىشارە قىلغىنىمىزدەك، ئەقىلنىڭ زۆرۈرلۈكى، ئاللاھ تائالانى ئەقىل بىلەن تونۇش، شەيئىلەرنىڭ ئەقىل بىلەلەيدىغان ئەسلىي گۈزەللىكى ۋە ئەسلىي قەبىھلىكىنىڭ بارلىقى قاتارلىقلاردا مۇئتەزىلەلەرگە مۇۋاپىق كەلگەن.

ئىككىنچى: ئۇنىڭ قاراشلىرى

[225] دېگىنىمىزدەك، ئىمام ماتۇرىيدىينىڭ قاراشلىرى ھىجرىيە ئۈچىنچى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۆزئارا ئىختىلاپلاشقان فەقىھ ۋە مۇھەددىسلەر بىلەن مۇئتەزىلەلەر ئارىسىدا، فەقىھ ۋە مۇھەددىسلەرنىڭ قاراشلىرىغا يېقىن بولۇشتىن بەكرەك مۇئتەزىلەلەرنىڭ قاراشلىرىغا يېقىنراقتۇر. شۇڭلاشقا، مەرھۇم دوستىمىز كەۋسەرىينىڭ «ئەشئەرىيلەر مۇئتەزىلەلەر بىلەن مۇھەددىسلەر ئوتتۇرىسىدا. ماتۇرىيدىيلەر مۇئتەزىلەلەر بىلەن ئەشئەرىيلەر ئوتتۇرىسىدا» دېگەن سۆزى راست بولغان ئىدى. بىز ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ ھېچبىر نەس كەلمىگەن نېگىزلىك مەسىلىلەرگە تەۋە ھەرقانداق قاراشتا ئەقلىي پىكىرنى نەقلىي نەسنىڭ ھەمراھلىقىدا ئىزاھلىغانلىقىنى كۆرىمىز. سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئىمام ماتۇرىيدىي ئۆزى ئېرىشكەن نەتىجىلەرنىڭ كۆپىدە ئىمام ئەشئەرىي بىلەن ئۇيغۇنلاشقان، لېكىن ئۇنىڭدىن باشقىلىرىدا ئۇنىڭغا مۇخالىپ بولغان. بىز ئىككىسىنىڭ ئىتتىپاقلاشقان نۇقتىسى بىلەن ئىختىلاپلاشقان نۇقتىسىنى بايان قىلغان ھالدا، ئۇنىڭ قاراشلىرىغا قىسقىچە ئىشارە قىلىپ ئۆتەيلى!

[226] ئىمام ماتۇرىيدىي «ئەقىل ئاللاھنى تونۇشنىڭ ۋاجىبلىقىنى بىلەلەيدۇ» دەپ قارايدۇ. چۈنكى، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا «قۇرئان كەرىم»نىڭ كۆپلىگەن ئايەتلىرىدە تەپەككۇر قىلىشقا بۇيرۇغان. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئىنسانلارنى يەر ۋە كۆكلەرنىڭ سەلتەنەتى ھەققىدە تەپەككۇر قىلىشقا بۇيرۇيدۇ ۋە ئۇلارنى شۇنىڭغا يۈزلەندۈرىدۇكى، ئەگەر ئەقىل ھاۋايى – ھەۋەس ۋە تەقلىدچىلىكتىن خالىي توغرا يۈزلەنسە، چوقۇم ئاللاھ تائالاغا ئىمان ئېيتىش ۋە ئۇنى تونۇشقا يېتەلەيدۇ. ئەنە شۇ قۇرئان نەسلىرىگە ئېتىبار بەرگەنلىكتۇر، تەپەككۇرنى تەرك ئېتىش قۇرئان نەسلىرىگە بىپەرۋالىق قىلغانلىقتۇر. ئەقىلنى ئاللاھ تائالانى تونۇشنىڭ يولى دەپ قارىماسلىق ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا تەپەككۇرغا باغلىق قىلغان نەتىجىلەرنى بىكار قىلغانلىق بولىدۇ. ناۋادا بىلىش تەپەككۇرغا باغلانمايدىغان بولسا ئىدى، ئاللاھ تائالا تەپەككۇرنىڭ نەتىجىلىرى دەپ مۇقىملاشتۇرغان نەتىجىلەر ئۈزۈلگەن بولاتتى.

ئىمام ماتۇرىيدىينىڭ نەزەرىدە ئەقىلنىڭ مۇستەقىل ھالدا ئاللاھ تائالانى بىلەلىشى مۇمكىن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ نەزەرىدە ئەقىل مۇستەقىل ھالدا تەكلىفىي ئەھكاملارنى بىلەلمەيدۇ. ئەنە شۇ ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قارىشىدۇر.

بۇ مۇئتەزىلەلەرنىڭ قارىشىغا يېقىندۇر، لېكىن بۇ يەردە ئىنچىكە بىر پەرق بار. ئۇ بولسىمۇ مۇئتەزىلەلەر «ئاللاھ تائالانى تونۇشنىڭ ۋاجىبلىقىنى ئەقىل بىلەلىشى مۇمكىن» دەپ قارايدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ نەزەرىدە ۋاجىبلىق ۋاجىب قىلىشقا ئىگە بولغان زات ئاللاھ تائالادىن بولمايدۇ(9).

[227] ماتۇرىيدىيلەر «شەيئىلەرنىڭ (ئەسلىي گۈزەللىكى ۋە) ئەسلىي قەبىھلىكى بار، ئەقىل بەزى شەيئىلەرنىڭ گۈزەللىكى ۋە بەزى شەيئىلەرنىڭ قەبىھلىكىنى بىلەلەيدۇ» دەپ قارايدۇ. ئۇلارنىڭ نەزەرىدە شەيئىلەر مۇنداق ئۈچ قىسىم بولسا كېرەك: (بىرىنچىسى) ئىنسانىي ئەقىل مۇستەقىل ھالدا گۈزەللىكىنى بىلەلەيدىغان شەيئىلەر؛ (ئىككىنچىسى) ئىنسانىي ئەقىل مۇستەقىل ھالدا قەبىھلىكىنى بىلەلەيدىغان شەيئىلەر؛ (ئۈچىنچىسى) گۈزەللىك تەرىپى بىلەن قەبىھلىك تەرىپى نائېنىق بولۇپ قالغان، گۈزەللىكى ياكى قەبىھلىكى پەقەت شەرىئەت ئارقىلىقلا بىلىنىدىغان شەيئىلەر. ئىمام ئەبۇلھەسەن ئەشئەرىينىڭ ئۇستازى ئەبۇ ئەلى جۇببائىيدىن نەقىل قىلغىنىمىزدەك، مۇئتەزىلەلەرمۇ ئاشۇنداق تەقسىملەيدۇ. لېكىن، شۇنداق بولسىمۇ، ماتۇرىيدىيلەر بۇ تەقسىماتقا مۇئتەزىلەلەر ئەگەشتۈرگەن نەرسىنى ئەگەشتۈرمىگەن. مۇئتەزىلەلەر بۇ تەقسىماتقا مۇنۇلارنى ئەگەشتۈرگەن: «ئەقىل گۈزەللىكىنى بىلگەن ئىشنى ئەقىلنىڭ تەكلىپى بىلەن قىلىش ۋاجىب بولىدۇ، ئەقىل قەبىھلىكىنى بىلگەن ئىش چەكلەنگەن بولىدۇ». ئىمام ماتۇرىيدىي بۇ يولغا كىرمىگەن، بەلكى ئىمام ئەبۇ ھەنىفەگە ئەگىشىپ ئېيتقانكى: «ئەگەر ئەقىل (بىر ئىشنىڭ گۈزەللىكىنى ياكى قەبىھلىكىنى) بىلگەن تەقدىردىمۇ، تەكلىپ يوقتۇر، تەكلىپ پەقەت ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى شارﯨﺌ تەرىپىدىن بولىدۇ. چۈنكى، ئەقىل مۇستەقىل ھالدا ھەرگىزمۇ دىنىي تەكلىپنى چىقىرالمايدۇ. چۈنكى، دىنىي تەكلىپ ھەققىدە ھۆكۈم قىلغۇچى پەقەت ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالادۇر».

ئىمام ماتۇرىيدىي تاللىغان بۇ قاراشقا ئىمام ئەشئەرىي قوشۇلمايدۇ. چۈنكى، ئۇ «شەيئىلەرنىڭ ئەسلىي گۈزەللىكى (ۋە ئەسلىي قەبىھلىكى) بار» دەپ قارىمايدۇ، بەلكى بىر ئىشنىڭ گۈزەل بولۇشى شارىئنىڭ بۇيرۇقى بىلەن بولىدۇ، بىر ئىشنىڭ قەبىھ بولۇشى شارىئنىڭ چەكلىشى بىلەن بولىدۇ. دېمەك، گۈزەل — ئاللاھ بۇيرۇغاچقا گۈزەلدۇر، قەبىھ — ئاللاھ چەكلىگەچكە قەبىھتۇر.

بۇ ئارقىلىق بىز ئىمام ماتۇرىيدىينىڭ مۇئتەزىلەلەر بىلەن ئەشئەرىيلەر ئارىسىدا ئوتتۇراھال يول تۇتقانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.

[228] ئىمام ماتۇرىيدىي مېتودىنىڭ ئىمام ئەشئەرىي مېتودىدىن ۋە مۇئتەزىلە مېتودىدىن پەرقلىنىدىغان ئۈچىنچى بىر نۇقتا بار. ئۇ، ئاللاھ تائالانىڭ پېئىللىرى ھەققىدىدۇر. ئەشئەرىيلەر «ئاللاھ تائالانىڭ پېئىللىرى غەرەزگە باغلانمايدۇ، چۈنكى ﴿لَا يُسۡـَٔلُ عَمَّا يَفۡعَلُ وَهُمۡ يُسۡـَٔلُونَ / ئاللاھنىڭ قىلغانلىرىدىن سوئال – سوراق قىلىنمايدۇ، ئۇلاردىن سوئال – سوراق قىلىنىدۇ﴾ (21/«ئەنبىياﺋ»: 23)» دەپ قارايدۇ. مۇئتەزىلەلەر ئېيتقانكى: «ئاللاھ تائالا ئىشلارنى مەقسەت ۋە غەرەزلەرگە باغلىغان ھالدا قىلىدۇ. چۈنكى، ئۇ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ئۇنىڭدىن بىر ئىش قارىسىغا سادىر بولمايدۇ، بەلكى ئۇ ھەممە ئىشنى پۇختا ئورۇنلاشتۇرغان». ئاندىن ئۇلار مۇشۇنىڭدىن «ئاللاھ بەندىگە ياخشى بولغاننى ۋە ئەڭ ياخشى بولغاننى قىلىشى ۋاجىب» دېيىشكە بارىدۇ. چۈنكى، شەيئىلەرنىڭ ئەسلىي گۈزەللىكى ۋە ئەسلىي قەبىھلىكى بارلىقى تەقەززاسى بىلەن، شۇنداقلا ئاللاھ تائالانىڭ پەقەتلا ھېكمەتلىك ئىشنى قىلىدىغانلىقى تەقەززاسى بىلەن ئاللاھنىڭ ياخشى ئىشنىڭ غەيرىگە بۇيرۇشى ۋە ياخشى ئىشتىن توسۇشى مۇھالدۇر. شۇڭا، ئاللاھنىڭ ئۈستىگە ياخشى ئىش ۋە ئەڭ ياخشى ئىش ۋاجىب بولىدۇ. بىز ئىمام ماتۇرىيدىينىڭ مەسىلىگە ئىككىلى پىرقەنىڭ قارىشىغا ئوخشىمايدىغان قاراشتا قارىغانلىقىنى ھېس قىلىمىز. ئۇنىڭ قارىشىچە: «ئاللاھ تائالا بىھۇدە ئىش قىلىشتىن پاكتۇر، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ پېئىللىرى ھېكمەت تەقەززاسى بويىچە بولىدۇ. چۈنكى، ئۇ زات ئۆزى سۈپەتلىگەندەك ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر ۋە ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئۆزىنىڭ تەكلىفىي ھۆكمىدە ۋە يارىتىش پېئىللىرىدا مۇشۇ ھېكمەتنى ئىرادە قىلغان، مەقسەت قىلغان، لېكىن ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئۇ ھېكمەتنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن مەقسەت قىلدى، ئۇنىڭغا مەجبۇرلانغىنى ۋە زورلانغىنى يوق. چۈنكى، ئۇ زات ئىختىيار قىلغۇچى ۋە ئىرادە قىلغۇچىدۇر، خاھلىغىنىنى قىلغۇچىدۇر. شۇڭا، ئاللاھنىڭ ياخشىنى ياكى ئەڭ ياخشىنى قىلىشى ۋاجىب دېيىشكە بولمايدۇ. چۈنكى، ۋاجىبلىق ئىرادىگە زىت كېلىدۇ ۋە ئاللاھتىن باشقىسىنىڭ ئاللاھنىڭ ئۈستىدە ھەققى بولۇشىنى تەقەززا قىلىدۇ، ھالبۇكى ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا بەندىلىرىنىڭ ئۈستىدىدۇر، قىلغان ئىشىدىن سوئال – سوراق قىلىنمايدۇ. بىرنەرسىنىڭ ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋاجىب بولۇشى ئۇنىڭ قىلغان ئىشىدىن سوئال – سوراق قىلىنىشىنى تەقەززا قىلىدۇ. ئاللاھ ئۇنداق بولۇشتىن ئۈستۈن ۋە پاكتۇر».

ئەمەلىيەتتە، بۇ مەسىلىدىكى ماتۇرىيدىيلەر بىلەن مۇئتەزىلەلەر ئارىسىدا بولغان ئىختىلاپ پىكىرنىڭ نېگىزىدىكى ئىختىلاپ ئەمەس، بەلكى پىكىرنى ئىپادىلەشتىكى ئىختىلاپتۇر. چۈنكى، پىكىرنىڭ نېگىزى: «ئاللاھنىڭ پېئىللىرىنىڭ ئاللاھ ئۆزى ئورۇنلاشتۇرغان ۋە ئىرادە قىلغان ھېكمەت ئۈچۈن بولىدىغانلىقى، ئاللاھنىڭ پېئىللىرىنىڭ ھەرگىزمۇ بىھۇدە بولۇپ قالمايدىغانلىقىدۇر». لېكىن، مۇئتەزىلەلەر بۇنى ۋاجىب دەپ ئىپادىلىدى. ماتۇرىيدىيلەر بولسا بۇنداق ئىپادىلەشنى توغرا كۆرمىدى. چۈنكى، ۋاجىب دېمەكلىك ھۆكۈمنىڭ ئەمەلدىن بۇرۇن بولۇشىنى تەقەززا قىلىدۇ، ھالبۇكى پېئىلنىڭ ھېكمەتكە مۇۋاپىق بولغانلىقىغا (ئەقلەن)(10) ھۆكۈم قىلىش پەقەتلا پېئىل يۈز بەرگەندىن كېيىن تەسەۋۋۇر قىلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن بۇرۇن تەسەۋۋۇر قىلىنمايدۇ.

ئەمما، مۇئتەزىلەلەر بىلەن ئەشئەرىيلەر ئارىسىدىكى ئىختىلاپقا كەلسەك، ئۇ پىكىرنىڭ نېگىزىدىكى ئىختىلاپتۇر. بۇ ئىختىلاپ «گۈزەللىك ۋە قەبىھلىك ئەسلىي بولامدۇ ياكى ئەسلىي بولمامدۇ» دېگەن مەسىلىدىكى ئىختىلاپنى مەنبە قىلغان.

[229] ئەشئەرىيلەر بىلەن ماتۇرىيدىيلەرنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ پېئىللىرىنىڭ ئىللەت (غەرەز) كە باغلىنىشى ۋە ھېكمەت تەسەۋۋۇرى ھەققىدىكى ئىختىلاپىدىن ئۇلارنىڭ رېئاللىق بىلەن مۇناسىۋەتسىز بەزى شاخچە مەسىلىلەر ھەققىدىكى ئىختىلاپلىرى تۇغۇلغان. ئەشئەرىيلەرنىڭ قارىشىچە، ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى يارىتىپ، ئۇلارنى ھېچنېمىگە تەكلىپ قىلماسلىقى جائىز ئىدى. چۈنكى، ئاللاھ تائالانىڭ تەكلىپى پەقەت ئۇنىڭ بىر ئىرادىسىدۇر، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇ ئىرادىدىن باشقا بىر ئىرادىدە بولۇشى جائىزدۇر. ماتۇرىيدىيلەر ئېيتقانكى: «شەكسىزكى، ئاللاھ شۇ پېئىللارنى ئۆزى ئىختىيار قىلغان بىر ھېكمەت سەۋەبىدىن ئىرادە قىلغان، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئۆزى بېكىتكەن ۋە ئىرادە قىلغان ھېكمەتتىن باشقىنى ئىرادە قىلمايدۇ». ئەشئەرىيلەر نەقلىي بىر دەلىل ئەمەس، ئەقلىي بىر پەرەز بىلەن شۇنى جائىز سانىغانكى، «ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ ئىتائەت قىلغۇچىنى جازالىشى، گۇناھ قىلغۇچىنى مۇكاپاتلىشى جائىزدۇر. چۈنكى، ئىتائەت قىلغۇچىنى مۇكاپاتلاش ئۇنىڭ پەزل – رەھمىتى بىلەن بولىدۇ، گۇناھ قىلغۇچىنى جازالاش ئۇنىڭ نوقۇل ئىرادىسى بىلەن بولىدۇ، ئاللاھنىڭ قىلغان ئىشىغا ۋە ئىرادە قىلغىنىغا ھېچكىم قارشى تۇرالمايدۇ». ماتۇرىيدىيلەر ئېيتىدۇكى: «ئىتائەت قىلغۇچىنى مۇكاپاتلاش ياكى گۇناھ قىلغۇچىنى جازالاش ئاللاھ ئۆزى مەقسەت قىلغان بىر ھېكمەت سەۋەبىدىندۇر ۋە بىر ئىرادە سەۋەبىدىندۇر. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر ۋە ھەممىنى بىلگۈچىدۇر». «قۇرئان»نىڭ كۆپ يەرلىرىدە جازا ۋە مۇكاپات زىكىر قىلىنغاندىن كېيىن ئاللاھنىڭ ھېكمەت سۈپىتى بايان قىلىنغان، مەسىلەن ئاللاھ تائالانىڭ ئۇشبۇ سۆزىگە ئوخشاش: ﴿وَٱلسَّارِقُ وَٱلسَّارِقَةُ فَٱقۡطَعُوٓاْ أَيۡدِيَهُمَا جَزَآءَۢ بِمَا كَسَبَا نَكَٰلٗا مِّنَ ٱللَّهِۗ وَٱللَّهُ عَزِيزٌ حَكِيمٞ / ئوغرىلىق قىلغۇچى ئەرنىڭ ۋە ئوغرىلىق قىلغۇچى ئايالنىڭ قىلمىشىنى جازالاپ، ئاللاھ تەرىپىدىن ئىبرەت قىلىش يۈزىسىدىن قوللىرىنى كېسىڭلار، ئاللاھ (ئۆز ئەمرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا) غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر﴾(5/«مائىدە»: 38).

ئەشئەرىيلەر ئاللاھنىڭ ئۆزىنىڭ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىشىنى شەرئىي نۇقتىدىن ئەمەس، ئەقلىي نۇقتىدىن جائىز سانىغان. ماتۇرىيدىيلەر ئۇنىڭغا ئۇنىمىغان. چۈنكى، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئۆز ھېكمىتىنىڭ تەقەززاسى بويىچە ۋەدە قىلدى. ئاللاھ تائالا: ﴿إِنَّ ٱللَّهَ لَا يُخۡلِفُ ٱلۡمِيعَادَ / شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ۋەدىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ﴾(3/«ئال ئىمران»: 9) دېگەن. بۇنىڭغا بىنائەن، ئاللاھ ۋەئدىسىگىمۇ، ۋەئىدىگىمۇ خىلاپلىق قىلمايدۇ.

[230] بۇ مەسىلىلەردىن كېيىن، قىيىن مەسىلىلەرنىڭ ئەڭ قىيىنىغا يۆتكىلىمىز. ئۇ بولسىمۇ مەجبۇرلۇق ۋە ئىختىيارلىق مەسىلىسىدۇر. بۇ مەسىلىدە مۇئتەزىلەلەر، ئىمام ئەشئەرىي ۋە ئىمام ماتۇرىيدىي كۆپ تالاشقان.

بىز يۇقىرىدا مۇئتەزىلەلەرنىڭ: «بەندە ئۆزىنىڭ پېئىللىرىنى ئۆزى يارىتىدۇ، شۇ ئارقىلىق بەندىگە مەسئۇلىيەت يۈكلىگىلى بولىدۇ ۋە تەكلىپ تولۇق بولىدۇ، بەندە ئۆزىنىڭ پېئىللىرىنى يارىتىشتا قوللىنىدىغان بۇ قۇدرەت ئاللاھنىڭ مەخلۇقى بولۇپ، ئاللاھ ئۇنى بەندىگە ئورۇنلاشتۇرغان» دېگەن قارىشىنى سۆزلەپ ئۆتكەنىدۇق.

ئەشئەرىيلەر ئېيتقانكى: «پېئىل ئاللاھ تائالانىڭ مەخلۇقىدۇر، كەسپ بەندىدىندۇر، تەكلىپ شۇ كەسپ سەۋەبى بىلەن بولىدۇ، مۇكاپاتلاش ۋە جازالاش شۇ كەسپ سەۋەبى بىلەن بولىدۇ».

ماتۇرىيدىينىڭ بۇ مەسىلىدىكى قارارى شۇكى: «ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا پۈتۈن نەرسىلەرنىڭ ياراتقۇچىسىدۇر، بۇ مەۋجۇدىيەتتە قانداقلا نەرسە بولسۇن، ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ مەخلۇقىدۇر، ئۇنىڭ شېرىكى يوقتۇر. يارىتىشنى ئاللاھتىن باشقىغا مۇقەررەرلەشتۈرۈش شېرىكنى مۇقەررەرلەشتۈرگەنلىكتۇر، ئەنە شۇ مەئقۇلمۇ(11) ئەمەس، مەقبۇلمۇ ئەمەستۇر». ئاندىن ئۇ يەنە دەيدۇكى: «ئاللاھنىڭ ھېكمىتى بەندىنىڭ مۇكاپاتقا ھەقلىق بولىدىغان ئىشتا ئىختىيارلىقى بولۇشىنى تەقەززا قىلىدۇ، جازالاش ئۈچۈنمۇ جازالىنىدىغان ئىشتا بەندىنىڭ ئىختىيارلىقى بولۇشىنى تېخىمۇ بەك تەقەززا قىلىدۇ. ئەنە شۇ، ھېكمەتنىڭ تەقەززاسى بولۇشتىن سىرت، ئادالەتنىڭمۇ تەقەززاسىدۇر».

بۇنىڭغا بىنائەن، (ماتۇرىيدىينىڭ قارىشىچە) بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرى ئاللاھ تائالا ئۈچۈن مەخلۇقتۇر، دەلىلى ئاللاھنىڭ مۇنۇ سۆزى: ﴿وَٱللَّهُ خَلَقَكُمۡ وَمَا تَعۡمَلُونَ / سىلەرنى ۋە سىلەر قىلغان نەرسىلەرنى ئاللاھ ياراتتى﴾(37/«ساففات»: 96). مۇشۇ يەردە ئىمام ماتۇرىيدىي بىلەن مۇئتەزىلەلەر ئارىسىدا ھاڭ پەيدا بولىدۇ. چۈنكى، بايان قىلغىنىمىزدەك، مۇئتەزىلەلەر «بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرى ئاللاھ بەندىلەرگە ئورۇنلاشتۇرغان قۇۋۋەتنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئاللاھقا مەخلۇق بولىدۇ» دەپ قارايدۇ.

لېكىن، ئىمام ماتۇرىيدىي بەندىنىڭ ئىختىيارلىقى (مەسىلىسى) بىلەن، پېئىلنىڭ ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ قۇدرىتى بىلەن بولۇشى ۋە پېئىلنىڭ ئاللاھنىڭ مەخلۇقى بولۇشى ئارىسىنى قانداق ماسلاشتۇرىدۇ؟ بۇنىڭدا ئىمام ماتۇرىيدىي ئىمام ئەشئەرىي دېگەننى دەيدۇ، يەنى «بەندە كەسپكە ئىگىدۇر ۋە كەسپتە ئىختىيارىيدۇر، ساۋاب ۋە ئازاب مۇشۇ كەسپ سەۋەبى بىلەن بولىدۇ». بۇ يەردە ئىمام ماتۇرىيدىي ئىمام ئەشئەرىي بىلەن ئۇچرىشىدۇ، لېكىن ئىككىسى ئاز ئۆتمەيلا ئايرىلىپ كېتىدۇ. چۈنكى، ئىمام ئەشئەرىي «ئاشۇ كەسپ ئاللاھ تائالانىڭ مەخلۇقى بولغان پېئىل بىلەن بەندىنىڭ ئىختىيارلىقىنىڭ بىرلىشىشىدۇر، ئەمما بەندىنىڭ بۇ كەسپكە تەسىرى بولمايدۇ» دەپ قارايدۇ. بۇنىڭغا بىنائەن، كەسپمۇ پېئىلنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش ئاللاھ تائالانىڭ مەخلۇقى بولىدۇ. ئالىملار «بۇ گەپ ئېنىقلا جەبرىيلىككە ئېلىپ بارىدۇ. چۈنكى، ھېچبىر ھالەتتە بەندىنىڭ تەسىرى بولمىغان بىر ئىختىيارلىقنىڭ ھېچ مەنىسى يوقتۇر» دەپ مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. شۇڭا، ئۇلار بۇنى «ئوتتۇراھال جەبرىيلىك» دەيدۇ. ئىمام ئىبنى ھەزم ۋە ئىمام ئىبنى تەيمىييە ئۇنى «تولۇق جەبرىيلىك» دەيدۇ. سەلەفىيلەر ھەققىدە توختالغىنىمىزدا كەڭرەك بايان قىلىمىز.

مانا بۇ ئىمام ئەشئەرىينىڭ نەزەرىدىكى كەسپتۇر ۋە ئۇنىڭ ئېلىپ بارىدىغان نەتىجىسىدۇر. ئىمام ماتۇرىيدىينىڭ نەزەرىدىكى كەسپكە كەلسەك، ئۇنىڭ نەزەرىدە كەسپ ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئورۇنلاشتۇرغان بىر قۇدرەت بىلەن بولىدۇ. دېمەك، ئىمام ماتۇرىيدىينىڭ نەزەرىدە بەندە ئۆزىدە يارىتىلغان بىر قۇدرەت بىلەن پېئىلنى كەسپ قىلىشقا قادىر بولىدۇ ۋە بۇ قۇدرەت بىلەن پېئىلنى كەسپ قىلماسلىققىمۇ قادىر بولىدۇ. چۈنكى، بەندە بۇ كەسپتە ئەركىن ۋە ئىختىيارىيدۇر، خاھلىسا قىلىدۇ ۋە كەسپ ئاللاھ تائالانىڭ مەخلۇقى بولغان پېئىل بىلەن بىرلىشىدۇ، خاھلىسا تەرك ئېتىدۇ. ساۋاب ۋە ئازاب شۇنىڭ سەۋەبى بىلەن بولىدۇ. بۇ چاغدا ئاللاھنىڭ بەندىلەرنىڭ پېئىللىرىنى ياراتقۇچى بولۇشى بىلەن بەندىلەرنىڭ ئىختىيارلىقى زىتلاشمايدۇ.

بىز بۇنىڭدىن ماتۇرىيدىيلەرنىڭ مۇئتەزىلەلەر بىلەن ئەشئەرىيلەر ئارىسىدا ئوتتۇراھال يول تۇتقانلىقىنى كۆرىمىز. چۈنكى، مۇئتەزىلەلەر «پېئىلنىڭ يارىتىلىشى ئاللاھ بەندىگە ئورۇنلاشتۇرغان قۇدرەت بىلەن بولىدۇ» دەپ قارىغان. ئەشئەرىيلەر «بەندىنىڭ پېئىلدا قۇدرىتى يوق، لېكىن كەسپى بار، كەسپ پەقەتلا بىرلىشىش بىلەن (يەنى بەندىنىڭ ئىختىيارلىقى بىلەن ئاللاھنىڭ مەخلۇقى بولغان پېئىلنىڭ بىرلىشىشى ئارقىلىق) بولىدۇ، بەندىنىڭ تەسىرى بىلەن ئەمەس» دەپ قارىغان. ئىمام ماتۇرىيدىي «كەسپ بەندىنىڭ قۇدرىتى ۋە تەسىرى بىلەن بولىدۇ» دەپ قارىغان.

كەسپ قىلىشقا تەسىرى بولىدىغان، پېئىل مەۋجۇد بولغاندا ئەسەرى ئوچۇق كۆرۈلىدىغان مۇشۇ قۇدرەت ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ نەزەرىدىكى تەكلىپنىڭ ئاساسى بولغان «ئىستىتائەت»(12)تۇر. بۇنىڭدا ئىمام ماتۇرىيدىي ئىمام ئەبۇ ھەنىفەگە ئەگەشكەن. بۇ ئىستىتائەت پېئىل مەۋجۇد بولغان چاغدا مەۋجۇد بولىدۇ. چۈنكى، ئۇ يوقتىن پەيدا بولىدىغان ھادىس قۇدرەتتۇر، شۇڭا ئۇنىڭ پېئىلدىن بۇرۇن بار بولۇشى لازىم ئەمەس.

مۇئتەزىلەلەر «ئىستىتائەت پېئىلدىن بۇرۇن بولىدۇ. چۈنكى، تەكلىپ ۋە تەكلىپكە چاقىرىش پېئىلدىن بۇرۇن بولىدۇ» دەپ قارىغان.

سۈپەتلەر ھەققىدە

[231] بايان قىلغىنىمىزدەك، مۇئتەزىلەلەر ئاللاھنىڭ (مەئانىي) سۈپەتلىرىنى ئىنكار قىلغان. ئەشئەرىيلەر ئۇنى تەستىقلىغان ۋە: «ئۇ زاتتىن باشقا نەرسىدۇر» دېگەن. يەنى ئۇلار ھەقىقەتەن قۇدرەت، ئىرادە، ئىلىم، ھايات، ئاڭلاش، كۆرۈش، سۆزلەش قاتارلىقلارنى تەستىقلىغان ۋە ئۇ سۈپەتلەرنى زاتتىن باشقا بىرنەرسە دېگەن. مۇئتەزىلەلەر ئېيتقانكى: «زاتتىن باشقا بىرنەرسە يوق، قۇرئاندا سۆزلەنگەن ‹عَلِيْمٌ (بىلگۈچى)›، ‹خَبِيْرٌ (خەبەردار)›، ‹حَكِيْمٌ (ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى)›، ‹سَمِيْعٌ (ئاڭلىغۇچى)›، ‹بَصِيْرٌ (كۆرگۈچى)› دېگەنلەر ئاللاھ تائالانىڭ زاتىنىڭ ئىسىملىرىدۇر».

ماتۇرىيدىي كېلىپ، بۇ سۈپەتلەرنى تەستىقلىغان، لېكىن ئۇ ئېيتقانكى: «بۇ سۈپەتلەر زاتتىن باشقا بىرنەرسە ئەمەس. چۈنكى، ئۇ سۈپەتلەر ئۆز زاتى بىلەن تۇرغۇچىمۇ ئەمەس، زاتتىن ئايرىلغۇچىمۇ ئەمەس. چۈنكى، ئۇ سۈپەتلەرنىڭ كۆپ بولۇشى قەدىملەرنىڭ كۆپ بولۇشىغا ئېلىپ بارىدۇ دېگۈدەك، ئۇنىڭ زاتتىن مۇستەقىل مەۋجۇدىيىتىمۇ يوق».

بۇ قاراش بىلەن ئۇ مۇئتەزىلەلەرگە يېقىنلاشقان. «مۇئتەزىلەلەر بىلەن ئىتتىپاق بولغىلى تاس قالغان» دېسەك تېخىمۇ مۇۋاپىقتۇر. ئاللاھ تائالانىڭ بىلگۈچى، قادىر، ئاڭلىغۇچى، كۆرگۈچى، ئىرادە قىلغۇچى ئىكەنلىكىدە مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئىختىلاپ يوق، پەقەتلا ئىختىلاپ بۇ سۈپەتلەرنىڭ زاتتىن باشقا ئايرىم مەۋجۇدىيىتى بار نەرسىلەر ئىكەنلىكىدە. مۇئتەزىلەلەر بۇنداق بولۇشىنى ئىنكار قىلغان. ئەشئەرىيلەر: «گەرچە ئۇ سۈپەتلەر زاتسىز مۇستەقىل مەۋجۇد بولمىسىمۇ، زاتتىن باشقا بىرنەرسە» دېگەن. ماتۇرىيدىيلەر ئۇ سۈپەتلەرنىڭ زاتتىن باشقا بىرنەرسە ئەمەسلىكىنى ئېيتقىنىدا، مۇئتەزىلەلەر بىلەن ئىتتىپاق بولغىلى تاس قالىدۇ.

[232] ئاللاھنىڭ كالام (سۆزلەش) سۈپىتى ۋە «قۇرئان»نىڭ مەخلۇق ياكى مەخلۇق ئەمەسلىكى توغرىسىدا، مۇئتەزىلەلەر ئاللاھ تائالانىڭ زاتتىن ئايرىم ياكى زاتتىن باشقا بولغان «كالام» دەپ بىر سۈپىتى بارلىقىنى ئىنكار قىلىپ: «قۇرئان مەخلۇقتۇر» دېگەن. ئەشئەرىيلەر بۇ مەسىلىدە فەقىھ ۋە مۇھەددىسلەرنىڭ يولىنى تۇتقان ۋە: «قۇرئان ئاللاھ تائالانىڭ سۆزىدۇر، ئۇ مەخلۇق ئەمەس» دېگەن، ئەمما «قۇرئان»نىڭ قەدىم ئىكەنلىكىنى ئوچۇق ئېيتمىغان. ئىمام ماتۇرىيدىي كېلىپ، توسۇقلاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ئاللاھ تائالانىڭ كالامى (يەنى سۆزلىشى) نىڭ ئۇنىڭ زاتىدا مەۋجۇد مەنە ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان. بۇ قاراش بويىچە، كالام ئاللاھنىڭ زاتىدىكى سۈپەتلىرىدىن بىرىدۇر ۋە ئاللاھنىڭ قەدىملىكى بىلەن قەدىمدۇر، ھەرپ ۋە كەلىمەلەردىن تۈزۈلمىگەندۇر. چۈنكى، ھەرپ ۋە كەلىمەلەر ھادىس بولۇپ، ۋاجىبۇلۋۇجۇد قەدىم ئاللاھتا ھادىس نەرسە بولمايدۇ. چۈنكى، ھادىس ئەرەزدۇر، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ زاتىدا ئەرەز بولمايدۇ.

بۇنىڭغا بىنائەن، بۇ مەنىگە دالالەت قىلغۇچى ھەرپ ۋە ئىبارىلەر ھادىس بولىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسى، قەدىم مەنىگە دالالەت قىلغۇچى ھەرپ، لەفز ۋە ئىبارىلەردىن ئىبارەت بولغان «قۇرئان كەرىم» ھادىس بولىدۇ. بۇ جەھەتتە ئۇ مۇئتەزىلەلەر بىلەن ئۇچرىشىدۇ. چۈنكى، ئۇ گەرچە «قۇرئان»نى مەخلۇق دەپ سۈپەتلىمىسىمۇ، ھادىس دەپ سۈپەتلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىزدە «قۇرئان كەرىم»نى سۈپەتلىگەن ئۈچ خىل ئىبارە بار بولىدۇ. مۇئتەزىلەلەر «قۇرئان»نى مەخلۇق دەپ سۈپەتلىگەن. فەقىھ ۋە مۇھەددىسلەر بىلەن بىرلىكتە ئەشئەرىيلەر «قۇرئان»نى مەخلۇق ئەمەس دەپ سۈپەتلىگەن، ئەمما ئۇنى قەدىملىك بىلەن سۈپەتلىمىگەن. ماتۇرىيدىيلەر «قۇرئان»نى ھادىس دەپ سۈپەتلىگەن، مەخلۇق ئەمەس دەپ سۈپەتلىمىگەن. مانا مۇشۇ يەر ئىختىلاپنىڭ ئورنىدۇر. ئۇ ئىختىلاپتا پايدا يوق. چۈنكى، كۆرۈنۈپ تۇرغاندەك، ئۇ ئىختىلاپ لەفزىي ئىختىلاپدۇر.

[233] ئىمام ماتۇرىيدىي ئاللاھ ئۆزىنى سۈپەتلىگەن بارلىق سۈپەت ۋە ھاللارنى قوبۇل قىلىش، ئۇلارنى ئىنكار قىلىپ ئەسلىنى ئۆزگەرتمەستىن ئىقرار قىلىش بىلەن بىرگە، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانى جىسىملىقتىن، ماكان ۋە زاماندىن پاكلاشنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ ھەمدە ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ يۈزى، قولى، كۆزى… بارلىقىنى گۇمانلاندۇرۇپ قويىدىغان خەبەرىي سۈپەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايەتلەرگە قارىتا تەئۋىل قىلغۇچى سۈپتىدە پوزىتسىيە بىلدۈرىدۇ ۋە ئىلگىرى بىز بايان قىلغان پرىنسىپى بويىچە ماڭىدۇ. ئۇ پرىنسىپ دەل «قۇرئان»دىكى مۇتەشابىھنى مۇھكەمگە بويسۇندۇرۇشتۇر. شۇڭا ئۇ، ئاللاھ تائالانىڭ ﴿ثُمَّ ٱسۡتَوَىٰ عَلَى ٱلۡعَرۡشِۖ﴾(7/«ئەئراف»: 54) دېگەن سۆزىنى «ئاللاھنىڭ ئەرشكە يۈزلىنىپ، ئۇنى بېجىرىم، رۇس ۋە مۇقىم ياراتقان بولۇشىغا ئېھتىمالى بار» دەپ تەفسىرلەيدۇ(13)، ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿وَنَحۡنُ أَقۡرَبُ إِلَيۡهِ مِنۡ حَبۡلِ ٱلۡوَرِيدِ﴾(50/«قاف»: 16) دېگەن سۆزىنى «بۇ ئاللاھنىڭ سەلتەنەتىگە، كامالى قۇدرىتىگە ئىشارەتتۇر» دەپ تەفسىرلەيدۇ(14). ئۇ ئوخشىتىش ياكى جىسىملاشتۇرۇش، ياكى ماكان، ياكى زاماننى گۇمانلاندۇرۇپ قويىدىغان مەنە بار ھەرقانداق خەبەرنى تەئۋىل قىلىدۇ. ئۇ بۇ ئارقىلىق مۇئتەزىلەلەرگە يېقىنلىشىدۇ ياكى ئۇلار بىلەن مۇۋاپىقلىشىدۇ.

ئىمام ئەشئەرىيگە كەلسەك، ئۇنىڭدىن ئىككى خىل قاراش رىۋايەت قىلىنغان: بىرى، «ئەلئىبانە (الإِبَانَةُ)»دە تىلغا ئالغان قاراشتۇر، يەنى ئۇ تەئۋىل قىلمايدۇ، بەلكى: «ئاللاھنىڭ بىز بىلمەيدىغان قولى بار، لېكىن ئۇ مەخلۇقنىڭ قولىغا ئوخشىمايدۇ. چۈنكى، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئېيتقانكى: ﴿لَيۡسَ كَمِثۡلِهِۦ شَيۡءٞۖ / ھېچنەرسە ئاللاھقا ئوخشاش ئەمەس﴾(42/«شۇرا»: 11)» دەيدۇ.

يەنە بىر قاراشنى ئۇ «ئەللۇمەﺋ (اَللُّمَعُ)»دە تىلغا ئالغان. ئۇ بولسىمۇ ئىمام ماتۇرىيدىينىڭ ماڭغان يولىدەك، ئوخشىتىشنى (يەنى ئاللاھنى مەخلۇققا ئوخشىتىشنى) گۇمانلاندۇرۇپ قويىدىغان مەنە بار ئايەتلەرنى مۇھكەمگە بويسۇندۇرۇشتۇر((15). بۇ ئۇنىڭ ئاخىرقى قارىشى ئىكەنلىكى ئاشكارىدۇر. چۈنكى، ئەشئەرىيلەر مۇشۇ قاراشنى قوبۇل قىلىپ، «ئاللاھنىڭ قولى ياكى يۈزى بار دەيدىغان ئادەم مۇشەببىھەلەرنىڭ جۈملىسىدىن» دەپ ھۆكۈم قىلىدۇ. ئەنە شۇ ئاخىرقى قاراش ئىمام ماتۇرىيدىينىڭ قارىشى بىلەن تامامەن ئۇيغۇنلىشىدۇ.

ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانى كۆرۈش

[234] ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿وُجُوهٞ يَوۡمَئِذٖ نَّاضِرَةٌ ٢٢ إِلَىٰ رَبِّهَا نَاظِرَةٞ ٢٣﴾(75/قىيامەت»: 22، 23) دېگەن سۆزىگە ئوخشاش، قىيامەت كۈنىدە مۇئمىنلەرنىڭ ئاللاھنى كۆرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان بەزى قۇرئانىي نەسلەر كەلگەن. بۇنىڭغا بىنائەن، ئىمام ماتۇرىيدىي خۇددى ئىمام ئەشئەرىي تەستىقلىغاندەك قىيامەت كۈنىدە ئاللاھ تائالانى كۆرۈشنى تەستىقلىغان. ئۇنى مۇئتەزىلەلەر ئىنكار قىلغان. چۈنكى، كۆرۈش كۆرگۈچى ئۈچۈن بىر ماكاننى، كۆرۈلگۈچى ئۈچۈنمۇ بىر ماكاننى تەقەززا قىلىدۇ. ئۇنداق بولغان ئىكەن، كۆرۈش چوقۇملا ئاللاھ تائالا ئۈچۈن بىر ماكاننىڭ بولۇشىنى تەقەززا قىلىدۇ. ھالبۇكى ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا بىر ماكاندا بولۇشتىن ۋە زاماننىڭ تەسىرىگە ئۇچراشتىن پاكتۇر.

قىيامەت كۈنى ئاللاھنى كۆرۈشنى تەستىقلىغان ئىمام ماتۇرىيدىي مۇنداق مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ: «قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالانى كۆرۈش قىيامەت كۈنىنىڭ ئەھۋاللىرىدىندۇر، قىيامەت كۈنىنىڭ ئەھۋاللىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى يالغۇز ئاللاھ بىلىدۇ، بىز پەقەت ئۇ ھەقتە ئۇنى تەپسىلاتسىز ئىسپاتلىغان ئىبارىلەرنىلا بىلىمىز». مۇئتەزىلەلەر بۇنىڭدىن ھالقىپ، ئاللاھ تائالانى كۆرۈشنى جىسىمنى كۆرۈشكە قىياس قىلىدۇ. نەتىجىدە ئۇلار جىسىم بولمىغان نەرسىنى جىسىمغا قىياس قىلىۋالىدۇ. بۇ شەرتلىرى تولۇق بولمىغان بىر قىياستۇر. غائىب ھازىرنىڭ جۈملىسىدىن بولسا، ئاندىن غائىبنى ھازىرغا قىياس قىلىش جائىزدۇر. ئەمما، غائىب ھازىرنىڭ جۈملىسىدىن بولمىسا، قىياس ئۆزىنىڭ شەرتلىرىنى تولۇقلىمىغان، ئاساسلىرىنى مۇقىملىمىغان بولىدۇ. مۇشۇنىڭغا بىنائەن، ئىمام ماتۇرىيدىي كۆرۈشنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ ۋە ئۇنىڭ جازا – مۇكاپات كۈنى بولغان قىيامەت كۈنىنىڭ ئەھۋاللىرىدىن ئىكەنلىكىنى، كۆرۈشنىڭ قانداقلىقى ھەققىدە گەپ قىلىشنىڭ چەكتىن ئاشقانلىق بولىدىغانلىقى ۋە بىلمەيدىغان نەرسىنىڭ كەينىدىن يۈگۈرگەنلىك بولىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿وَلَا تَقۡفُ مَا لَيۡسَ لَكَ بِهِۦ عِلۡمٌۚ إِنَّ ٱلسَّمۡعَ وَٱلۡبَصَرَ وَٱلۡفُؤَادَ كُلُّ أُوْلَٰٓئِكَ كَانَ عَنۡهُ مَسۡـُٔولٗا / بىلمەيدىغان نەرسەڭگە ئەگەشمە (يەنى بىلمىگەننى بىلدىم، كۆرمىگەننى كۆردۈم، ئاڭلىمىغاننى ئاڭلىدىم دېمە)، (ئىنسان قىيامەت كۈنى) قۇلاق، كۆز، دىلنىڭ قىلمىشلىرى ئۈستىدە ھەقىقەتەن سوئال – سوراق قىلىنىدۇ﴾(17/«ئىسراﺋ»: 36).

چوڭ گۇناھ قىلغۇچى ھەققىدە

[235] شۈبھىسىزكى، مۇئمىن دوزاختا مەڭگۈ قالمايدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ ئالىملىرى مۇشۇنىڭغا ئىجماﺋ قىلغان. شۇ جەھەتتىن، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالمايدىغان مۇئمىننىڭ كىملىكى ھەققىدە ئىختىلاپلاشقان. خاۋارىجلار كىچىك بولسۇن ياكى چوڭ بولسۇن گۇناھ ئۆتكۈزگۈچىنى كافىر دەپ ئېتىبارغا ئالغان. ئۇلارنىڭ نەزەرىدە گۇناھ ئۆتكۈزگۈچى مۇسۇلمانمۇ سانالمايدۇ ۋە مۇئمىنمۇ سانالمايدۇ. مۇئتەزىلەلەر: «چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزگۈچى مۇسۇلمان سانالسىمۇ، مۇئمىن سانالمايدۇ، مۇسۇلمان سانالغان تەقدىردىمۇ، لېكىن سەمىمىي تەۋبە قىلمىغۇچە دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، ئۇنىڭ ئازابى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتمىغانلارنىڭ ئازابىدىن يېنىك بولىدۇ» دېگەن.

كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، خاۋارىجلار ۋە مۇئتەزىلەلەر (ئەمەل بولمىسا ئىمان بولمايدىغان دەرىجىدە) ئەمەلنى ئىماننىڭ بىر پارچىسى دەپ سانايدۇ، ئەشئەرىيلەر ۋە ماتۇرىيدىيلەر ئەمەلنى ئىماننىڭ بىر پارچىسى دەپ سانىمايدۇ. شۇڭا، (ئۇلارنىڭ نەزەرىدە) گۇناھ ئۆتكۈزگۈچى گەرچە ئۇنىڭغا ھېساب ۋە ئازاب بار بولسىمۇ، ئىماننىڭ دائىرىسىدىن چىقىپ كەتمەيدۇ، ئاللاھ ئۇنى ئۆز رەھمىتى بىلەن يۆگىۋېتىشىمۇ مۇمكىن.

شۇڭلاشقا، ئىمام ماتۇرىيدىي «چوڭ گۇناھ قىلغۇچى تەۋبىسىز ئۆلۈپ كەتسىمۇ، دوزاختا مەڭگۈ قالمايدۇ» دەپ قارايدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

«ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن قۇرئان كەرىمدە بىر يامانلىققا شۇ بىر يامانلىققا باراۋەرلا جازا بېرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ ئېيتقانكى: ﴿مَن جَآءَ بِٱلۡحَسَنَةِ فَلَهُۥ عَشۡرُ أَمۡثَالِهَاۖ وَمَن جَآءَ بِٱلسَّيِّئَةِ فَلَا يُجۡزَىٰٓ إِلَّا مِثۡلَهَا وَهُمۡ لَا يُظۡلَمُونَ / بىرەر ياخشىلىق قىلغان ئادەم ئون ھەسسە ئارتۇق ساۋابقا ئىگە بولىدۇ، بىرەر يامانلىق قىلغان ئادەمگە پەقەت ئۇنىڭ يامانلىقىغا باراۋەرلا جازا بېرىلىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ﴾(6/«ئەنئام»: 160). شەكسىزكى، ئاللاھنى ئىنكار قىلمىغان ۋە ئۇنىڭغا شىرك كەلتۈرمىگەن ئادەمنىڭ گۇناھى كافىر ۋە مۇشرىكنىڭ گۇناھىدىن تۆۋەن بولىدۇ. ئاللاھ تائالا دوزاختا مەڭگۈ قالدۇرۇشنى شىرك ۋە كۇفۇرنىڭ جازاسى قىلدى. ناۋادا چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزگۈچى ئىمانى بار تۇرۇپ كافىرنىڭ ئازابىغا ئوخشاش ئازابلانسا ئىدى، ئەلبەتتە ئۇنىڭ جازاسى گۇناھىنىڭ مىقدارىدىن ئارتۇق بولۇپ قالاتتى. بۇ ۋەدىگە خىلاپتۇر، ئاللاھ بەندىلەرگە زۇلۇم قىلمايدۇ ۋە ۋەدىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ. ئاندىن كافىر بىلەن گۇناھكار مۇئمىننىڭ جازاسىنى باراۋەر قىلىپ قويۇش ئاللاھ تائالانىڭ ھېكمىتى ۋە ئادالىتىگە خىلاپتۇر. چۈنكى، گۇناھكار مۇئمىن ياخشىلىقنىڭ ئەڭ كاتتىسىنى قىلدى، ئۇ بولسىمۇ ئىماندۇر، يامانلىقنىڭ ئەڭ قەبىھىنى قىلمىدى، ئۇ بولىسمۇ كۇفۇردۇر. ئەگەر ئاللاھ ئۇنى دوزاختا مەڭگۈ قالدۇرسا ئىدى، ئەڭ قەبىھ يامانلىقنىڭ جازاسىنى ئەڭ ئەۋزەل ياخشىلىقنىڭ ساۋابىنىڭ ئورنىغا قىلىپ قويغان بولاتتى. ھالبۇكى ئادالەت ۋە ھېكمەتنىڭ تەقەززاسى: يامانلىققا شۇنىڭغا باراۋەرلا جازا بېرىشتۇر، ئارتۇق جازا بەرمەسلىكتۇر. ساۋاب بۇنىڭ سىرتىدا بولۇپ، ياخشىلىققا ئارتۇق ساۋاب بېرىلىدۇ».

ئاندىن كېيىن ماتۇرىيدىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتىدۇ: «توغرىسى، مۇئمىنلەر ئىچىدىكى گۇناھكارلارنىڭ ئىشىنى ئاللاھقا تاپشۇرۇشتۇر: ئاللاھ خاھلىسا، ئۆزىنىڭ پەزل – ئېھسانى ۋە رەھمىتى بىلەن ئۇلارنى ئەپۇ قىلىدۇ، خاھلىسا، ئۇلارنى گۇناھى مىقدارى ئازابلايدۇ، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالمايدۇ. شۇڭلاشقا، ئىمان ئەھلى ئۈمىد ۋە قورقۇش ئارىسىدا بولمىقى لازىم. چۈنكى، ئاللاھ تائالانىڭ كىچىك گۇناھ ئۈچۈن ئازابلاپ، چوڭ گۇناھنى ئەپۇ قىلىۋېتىشى مۇمكىندۇر. ئاللاھ تائالا ئېيتقانكى: ﴿إِنَّ ٱللَّهَ لَا يَغۡفِرُ أَن يُشۡرَكَ بِهِۦ وَيَغۡفِرُ مَا دُونَ ذَٰلِكَ لِمَن يَشَآءُۚ وَمَن يُشۡرِكۡ بِٱللَّهِ فَقَدِ ٱفۡتَرَىٰٓ إِثۡمًا عَظِيمًا / ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاللاھقا شىرك كەلتۈرۈش گۇناھىنى مەغپىرەت قىلمايدۇ، خاھلىغان ئادەمنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدۇ. كىمكى ئاللاھقا شىرك كەلتۈرىدىكەن، چوڭ گۇناھ قىلغان بولىدۇ﴾(4/«نىساﺋ»: 48)».

[236] بۇلار ئىمام ماتۇرىيدىينىڭ ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى ئەسىرلەردە ئىسلام ئىدېئولوگىيىسىنى مەشغۇل قىلىپ، ئالىملارنى پىكرىي جەڭگە سېلىۋەتكەن مەسىلىلەر ھەققىدىكى قاراشلىرىدۇر. ئالىملار ئىختىلاپلاشقان، ھالبۇكى ئۇ مەسىلىلەر ھەققىدىكى ئىختىلاپ ئەھلى قىبلىدىن ھېچكىمنى كافىر قىلىۋەتمەيدۇ. ئىختىلاپنىڭ ئوبيېكتى پەقەتلا ئۇ قاراشلارنىڭ قايسىسىنىڭ ساھابە – تابىئىننىڭ يولىغا ئەڭ يېقىن، ئەڭ ساغلام، نىجاتلىققا ئەڭ يېقىن، سۇيىقەستچى كافىرلار قوزغىغان شۈبھىلەردىن ئەڭ يىراق ئىكەنلىكى ھەققىدىدۇر. ئىمام ماتۇرىيدىينىڭ قاراشلىرى مۇئتەزىلەلەرگە يېقىنراق بولغانىدى. ماتۇرىيدىيلەر ئۇ قاراشلارنىڭ ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ قاراشلىرىنىڭ تەپسىلاتى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

 

ئىسلام مەزھەبلىرى تارىخى/ تاريخ المذاهب الإسلامية؛ ئىمام مۇھەممەد ئەبۇ زەھرە؛ مۇھەممەد قاۋۇل قاراخانىي تەرجىمىسى؛ ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى

—————————————————————————————————————————————–
1. ئۇسۇلۇلفىقھ ئىلمى (عِلْمُ أُصُوْلِ الْفِقْهِ): ئۇسۇلۇلفىقھ لۇغەتتە «فىقھ ئىلمىنىڭ ئۇل – ئاساسلىرى، دەلىل ۋە قائىدىلىرى» دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئىستىلاھتا: «فىقھ ئىلمىنىڭ دەلىل ۋە مەنبەلىرى بولمىش ئايەت ۋە ھەدىسلەرنى، مەلۇم بىر دەلىلنى ئىزاھلاش ۋە شۇ دەلىلدىن ھۆكۈم چىقىرىشتا مۇجتەھىد تەرىپىدىن قوللىنىلىدىغان مېتود ۋە قائىدە – پرىنسىپلارنى، شۇنداقلا ھۆكۈم چىقارغۇچى مۇجتەھىدنىڭ ئەھۋاللىرىنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىم»دۇر. دېمەك، ئۇسۇلۇلفىقھ ئىلمىنىڭ نېگىزى ئايەت ۋە ھەدىسلەرنى شەرئىي ھۆكۈمگە قانداق دەلىل سۈپىتىدە كەلتۈرۈش ۋە شۇ ئايەت – ھەدىسلەردىن ھۆكۈمنىڭ قانداق چىقىرىلىشىدۇر. بۇ ئىلىمنى ئوقۇش ئارقىلىق مۇجتەھىد ئالىملارنىڭ ئىجتىھاد مېتودلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قاراش ئوخشىماسلىقىنىڭ سەۋەبلىرىنى چۈشىنىپ يەتكىلى، دەلىللەرنى ئۆز جايىدا ئىشلىتىپ، ئورۇنلۇق دەلىل كەلتۈرۈش بىلەن ئورۇنسىز دەلىل كەلتۈرۈشنى ئايرىش ھەمدە ئىجتىھاد قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 4 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443/م. 2022.

2. كامالىددىن بەيازىي: «ئىشاراتۇل مەرام»، 23 – بەت. مۇستافا بابىي ھەلەبىي باسمىسى، مىسىر، ھ. 1368/م. 1949.
3. «ئىشاراتۇل مەرام»غا مۇقەددىمە، 6 – بەت.

4. ئىمام ئەبۇللەيس نەسر ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم ئەسسەمەرقەندىي ئەلفەقىھ ئەلھەنەفىي (الفَقِيْهُ أَبُو اللَّيْثِ نَصْرُ بنُ مُحَمَّدِ بنِ إِبْرَاهِيْمَ السَّمَرْقَنْدِيُّ الحَنَفِيُّ، ھ. ؟ – 375/م. ؟ – 985) — «ئەلفەقىھ»، «ئىمامۇل ھۇدا» ۋە «زاھىد» دەپ نام ئالغان سەمەرقەندلىك كاتتا ھەنەفىي ئالىم. ئىمام ئەبۇ مەنسۇر ئەلماتۇرىيدىينىڭ شاگىرتى. «بەھرۇل ئۇلۇم» ناملىق تەفسىر، «ئەننەۋازىل»، «ئۇيۇنۇل مەسائىل»، «خازانەتۇل فىقھ»، «بۇستانۇل ئارىفىن»، «تەنبىھۇل غافىلىن» ۋە «شەرھۇل فىقھىل ئەكبەر» قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىفى.
5. كىتابنىڭ ئەسلىدە «10 مەسىلە (عشر مسائل)» دەپ بېسىلغان. شەيخ مۇھەممەد ئابدۇھنىڭ مەزكۇر ئەسەرىدە «30 ئەسل (ثلاثين أصلا)» دەپ كەلگەن. مۇئەللىف رەھىمەھۇللاھ ئۆزىمۇ «ئىبنى تەيمىييە» ناملىق كىتابىدا (184 – بەت) شەيخ مۇھەممەد ئابدۇھتىن «30 ئەسل» دەپ نەقىل قىلغان. تەرجىمىدە مۇشۇ ئاساس قىلىندى.
6. شەيخ مۇھەممەد ئابدۇھ: «التعليقات على شرح الدواني للعقائد العضدية»، 163 – بەت، نەشرگە تەييارلىغۇچى: سەييىد ھادىي خۇسرەۋشاھىي، مەكتەبەتۇششۇرۇق ئەددۇۋەلىييە، قاھىرە، م. 2002.
7. ئەبۇ مەنسۇر ماتۇرىدىي: «كىتابۇتتەۋھىد»، 87، 88 – بەت. نەشرگە تەييارلىغۇچى: پېروفىسسور بەكىر توپالئوغلى، دوكتور مۇھەممەد ئارۇچى. تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى.
8. ئەبۇ مەنسۇر ماتۇرىدىي: «كىتابۇتتەۋھىد»، 84 – بەت.
9. يەنى ئۇلار «شەرىئەت كەلمىگەن تەقدىردىمۇ، ئەقىل شەرئىي ئەھكاملارنى بىلەلەيتتى» دەپ قارايدۇ ۋە: «شەرىئەت ئەقىلنى كۈچلەندۈرۈپ ۋە تەكىتلەپ كەلگەن» دەيدۇ. ئۇلار ئەسلا شەرىئەتنى ئىنكار قىلمايدۇ، ئىنكار قىلسا ئىدى، كافىر بولاتتى. قاراڭ: باجۇرىي: «تۇھفەتۇلمۇرىد»، 99 – بەت، ئەھمەد مۇھەممەد خەتىب نەشرگە تەييارلىغان، دارۇ تەھقىقىل كىتاب، ئىستانبۇل، م. 2018.
10. ئەقلەن: ئەقىل جەھەتتىن، ئەقىل بىلەن. قاراڭ: خەمىت تۆمۈر، ئابدۇررەئۇپ پولات: «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، 58 – بەت.
11. مەئقۇل: ئەقىلگە مۇۋاپىق، مۇناسىپ، چۈشىنىشلىك، كۆڭۈلگە ياقىدىغان. قاراڭ: خەمىت تۆمۈر، ئابدۇررەئۇپ پولات: «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، 562 – بەت.
12. ئىستىتائەت: قۇدرەت، كۈچ، ئىقتىدار. قاراڭ: خەمىت تۆمۈر، ئابدۇررەئۇپ پولات: «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، 742 – بەت. ئەبۇلمەئىن نەسەفىي: ئەھلى ئۇسۇلنىڭ نەزەرىدە ئىستىتائەت، تاقەت، قۇدرەت، قۇۋۋەت بەندىگە نىسبەت بېرىلسە، ھەممىسىدىن بىر مەئنا مەقسەت قىلىنىدۇ، دېگەن. قاراڭ: ئەبۇلمەئىن نەسەفىي: «ئەتتەمھىد لىقەۋائىدىتتەۋھىد (التمهيد لقواعد التوحيد)» 257 – بەت، نەشرگە تەييارلىغۇچى: ھەبىبۇللاھ ھەسەن ئەھمەد، دارۇتتىبائە ئەلمۇھەممەدىييە، قاھىرە، 1 – باسمىسى، ھ. 1406/م. 1986.
13. ئەبۇ مەنسۇر ماتۇرىدىي: «تەئۋىلاتۇ ئەھلىسسۈننە (تأويلات أهل السنة)»، 7/«ئەئراف»: 54 – ئايەتنىڭ تەفسىرى. 4/454، دارۇل كۇتۇبىل ئىلمىييە، بېيرۇت. م. 2005.
14. ئەبۇ مەنسۇر ماتۇرىدىي: يۇقىرىقى مەنبە، 20/«تاھا»: 5 – ئايەتنىڭ تەفسىرى. 7/268.
15. ئەبۇلھەسەن ئەشئەرىي ئېيتقانكى: «كالامنى ھۆججەتسىز ۋە دالالەتسىز ھالدا مەجازغا يۆتكەش جائىز بولمايدۇ». مۇتەكەللىم شەيخ ھەسەن شافىئىي شۇ كىتابنىڭ ھاشىيەسىدە ئېيتىدۇ: «مانا بۇ شەيخ (ئەبۇلھەسەن ئەشئەرىي) نىڭ تەئۋىل ھەققىدىكى كۆزقارىشى بولۇپ، شەيخنىڭ مەزھەبىنىڭ قائىدىسى: مۇتەشابىھ نەسلەردىن ئىبارەت ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلاردا تەئۋىلگە بارماسلىقتۇر، مەگەر ئەرەب تىلىنىڭ مەجاز ۋە مەجاز بابلىرىدىكى ئۇسۇل – قائىدىلىرى تەئۋىلگە يېتەكلەپ قالسا، ياكى زامان ئۆزگىرىشلىرى ۋە زامان ھالى ۋە ئەھلىنىڭ ئۆزگىرىشى (يەنى خاتا ئويلاپ قېلىشلىرى) تەئۋىلنى تەقەززا قىلىپ قالسا ئاندىن تەئۋىلگە بېرىشتۇر. ئەبۇلھەسەن ئەشئەرىي: «ئەللۇمەﺋ (اللمع في الرد على أهل الزيغ والبدع)»، 53، 186 – بەت. نەشرگە تەييارلىغۇچى: پروفېسسور ھەسەن شافىئىي. نەشر قىلغۇچى: مەشيەخەتۇل ئەزھەر ئەششەرىف ۋە مەجلىسۇ ھۆكەمائىل مۇسلىمىين.

Please follow and like us: