ئېتىقادىي مەزھەبلەر (5) ئەشئەرىيلەر

ئېتىقادىي مەزھەبلەر (5) ئەشئەرىيلەر

[204] فەقىھ ۋە مۇھەددىسلەرگە قارشى مۇئتەزىلەلەرنىڭ ھۇجۇمى كۈچىيىپ، ھېچبىر تونۇشلۇق فەقىھ ياكى ئاتاقلىق مۇھەددىس ئۇلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ئامان قالمىدى. نەتىجىدە كىشىلەر مۇئتەزىلەلەرنى يامان كۆردى، ئۇلارنىڭ نامىغا ئازار – ئەزىيەتلەر ھەمراھ بولۇپ، ئۇلارغا قارىتا غەزەپ – نەپرەتلەر ئۇلغايدى، ھەتتا كىشىلەر ئۇلارنىڭ (ئىلگىرىكى) ياخشىلىقىنى ئۇنتۇدى، ئۇلارنىڭ ئىسلامنى قوغدىغانلىقىنى ۋە ئىسلام ئۈچۈن كۆرسەتكەن پىداكارلىقىنى، زىندىقلار ۋە ھاۋايى – ھەۋەس ئەھلىگە قارشى تۇرغانلىقىنى ئۇنتۇدى. كىشىلەر ئەنە شۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇنتۇدى، پەقەتلا ئۇلارنىڭ خەلىفىلەرنى تەقۋادار ئىماملارغا ۋە ھىدايەت ئۈستىدىكى مۇھەددىسلەرگە ئازار بېرىشكە كۈشكۈرتكەنلىكىنى خاتىرىلەپ قالدى.

خەلىفە مۇتەۋەككىل مەيدانغا كېلىپ، مۇئتەزىلەلەرنى يېنىدىن يىراق قىلىپ، ئۇلارنىڭ رەقىبلىرىنى ئۆزىگە يېقىن قىلغان ۋە ئالىملارنىڭ كىشەنلىرىنى يېشىۋەتكەندىن كېيىن، بىر بۆلۈك فۇقەھائ‍ ۋە ئەقىدىنى تەتقىق قىلىشتا سۈننەت يولىنى تۇتۇپ ماڭغانلار مەخسۇس ئۇلار بىلەن تۇتۇشتى. مۇئتەزىلەلەرنىڭ مۇنازىرە ئۇسۇلىنى پۇختا بىلىدىغان بەزى ئالىملار ئۇلارنىڭ قاراشلىرىنى تۇتماستىن، ئۆتكۈر تىل بىلەن ئۇلار بىلەن مۇنازىرىلەشتى. ئۇ ئالىملارنىڭ ئارقىسىدا ئۇلارنى قوللاۋاتقان ئاۋاملار بار ئىدى. بەزى خاۋاسلارمۇ ئۇلارغا ھەمراھ بولۇۋاتاتتى، خەلىفىلەر ئۇلارغا ياردەم بېرىۋاتاتتى.

ئۈچىنچى ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ھەقىقىي پىداكارلىقى بىلەن ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنگەن ئىككى كىشى ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇلارنىڭ بىرى ئىمام ئەبۇلھەسەن ئەشئەرىيدۇر، ئۇ بەسرەدە ئوتتۇرىغا چىقتى. يەنە بىرى، ئىمام ئەبۇ مەنسۇر ماتۇرىيدىيدۇر، ئۇ سەمەرقەندتە ئوتتۇرىغا چىقتى. ئىككىسى مۇئتەزىلەلەرگە يېقىنلىقى ۋە يىراقلىقىدا ئۆزئارا پەرقلىق بولسىمۇ، مۇئتەزىلەلەرگە قارشى تۇرۇشتا ئورتاق ئىدى. بىز ئاۋۋال ئىمام ئەبۇلھەسەن ئەشئەرىي ھەققىدە سۆزلەيمىز، ئاندىن ئىككىنچى بولۇپ ئىمام ماتۇرىيدىي ھەققىدە سۆزلەيمىز.

[205] ئىمام ئەشئەرىي ھىجرىيە 260 – يىلى بەسرەدە تۇغۇلغان ۋە ھىجرىيەنىڭ 330 نەچچىنچى يىلى ۋاپات بولغان. مۇئتەزىلەلەردە ئىلمى كالامنى ئوقۇپ پۈتتۈرگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ شۇ دەۋردىكى شەيخى ئەبۇ ئەلى جۇببائىيغا شاگىرتلىققا كىرگەن. ئۇ پاساھەتلىك ۋە ياشتا چوڭ بولغانلىقى ئۈچۈن، شەيخىنىڭ نائىبى بولغان.

لېكىن، ئىمام ئەشئەرىي گەرچە ئۇلارنىڭ داستىخانلىرىدىن غىزالانغان، ئۇلارنىڭ تەپەككۇر مېۋىلىرىدىن ئۈزگەن بولسىمۇ، ئۇنى تەپەككۇردا مۇئتەزىلەلەردىن يىراقلاشتۇرىدىغان بىرنەرسىنى ئۆزىدە تاپقان. ئاندىن ئۇ فەقىھ ۋە مۇھەددىسلەرنىڭ مەجلىسلىرىگە بارمىغان ۋە ئۇلارنىڭ ئۇسۇلى بويىچە ئەقىدە تەتقىق قىلمىغان بولسىمۇ، ئۆزىدە فەقىھ ۋە مۇھەددىسلەرنىڭ قاراشلىرىغا قارىتا بىر مايىللىقنى ھېس قىلغان.

ئەشئەرىي مەزھەبى ۋە ئۇنىڭ مۇئتەزىلەلەرگە رەددىيەسى

[206] ئىمام ئەشئەرىي بىر مۇددەت ئۆيىدە ئولتۇردى ۋە بۇ مۇددەتتە ئىككى پىرقەنىڭ دەلىللىرىنى سېلىشتۇردى. سېلىشتۇرغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ كۆڭلىگە بىر پىكىر كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشىلەرنىڭ قېشىغا چىقىپ، ئۇلارنى يىغىلىشقا چاقىردى، ئاندىن جۈمە كۈنى بەسرەدىكى جامەنىڭ مۇنبىرىگە چىقىپ: «ئى خالايىق! مېنى بىلگەنلەر بىلىدۇ، مېنى بىلمىگەنلەر بىلىۋالسۇن، مەن پالانىنىڭ ئوغلى پالانى، مەن قۇرئاننىڭ مەخلۇق ئىكەنلىكىنى، ئاللاھنىڭ كۆزلەر بىلەن كۆرۈلمەيدىغانلىقىنى، يامانلىق پېئىللىرىنى ئۆزۈمنىڭ قىلىدىغانلىقىمنى دەپ كەلگەنىدىم. تەۋبە قىلدىم، بۇنىڭدىن ياندىم، ئەمدى مۇئتەزىلەلەرگە رەددىيە بېرىپ، ئۇلارنىڭ رەسۋاچىلىقلىرىنى ئاچىمەن. ئى خالايىق! مۇشۇ بىر مۇددەت سىلەرگە كۆرۈنمىدىم. چۈنكى، ئويلىنىپ قارىسام، نەزەرىمدە دەلىللەر تەڭلىشىپ قالدى، نەزەرىمدە ھېچنەرسە ھېچنەرسىنى باسالمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالادىن توغرا يولنى سورىۋىدىم، ئاللاھ مېنى مۇشۇ كىتابلىرىمغا يازغانلىرىمنى توغرا دەپ ئېتىقاد قىلىشىمغا باشلىدى. خۇددى مۇشۇ كىيىمىمدىن سۇغۇرۇلۇپ چىققىنىمدەك، بۇرۇن ئېتىقاد قىلغانلىرىمنىڭ ھەممىسىدىن سۇغۇرۇلۇپ چىقتىم» دېدى ۋە ئۈستىدىكى بىر كىيىمىنى سالدى، ئاندىن فەقىھ ۋە مۇھەددىسلەردىن ئىبارەت جامائەتنىڭ يولى بويىچە يازغانلىرىنى كىشىلەرگە بەردى.

ئۇ «ئەلئىبانە ئەن ئۇسۇلىددىيانە (الإبانة عن أصول الديانة)» دېگەن كىتابىنىڭ مۇقەددىمەسىدە ئۆزىنىڭ مەزھەبىنى ۋە مۇئتەزىلەلەرگە بولغان ئېتىرازلىرىنى قىسقىچە بايان قىلغان. ئۇنىڭدا ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتقاندىن كېيىن دەيدۇكى:

«مەقسەتكە كەلسەك، مۇئتەزىلە ۋە قەدەرىيلەردىن ئىبارەت ھەقتىن قېيىپ كەتكەن كۆپلىگەن كىشىلەر ھاۋايى – ھەۋەسلىرى سەۋەبىدىن ئۆزلىرىنىڭ باشچىلىرىغا ۋە ئۆتمۈشتىكى ئىلگىرىكىلىرىگە قارىغۇلارچە ئەگىشىشكە مايىل بولدى. ئۇلار قۇرئاننى ئۆزلىرىنىڭ قاراشلىرى بويىچە شۇنداق بىر تەئۋىل قىلدىكى، ئۇلارنىڭ قىلغان تەئۋىلى توغرىسىدا ئاللاھ بىرەر پاكىت چۈشۈرگەنمۇ ئەمەس ۋە بىرەر دەلىل بىلەن روشەنلەشتۈرگەنمۇ ئەمەس، ئۇلار ئۇنى ئالەملەرنىڭ رەببىنىڭ ئەلچىسىدىنمۇ ۋە ئىلگىرىكى سەلەفلەردىنمۇ نەقىل قىلغان ئەمەس. ئۇلار ئاللاھنى كۆز بىلەن كۆرۈش توغرىسىدىكى ساھابەلەرنىڭ رەسۇلۇللاھتىن قىلغان رىۋايەتىگە خىلاپلىق قىلدى. ھالبۇكى بۇ ھەقتە رىۋايەتلەر خىلمۇخىل يوللاردىن كەلگەن، ئەسەرلەر مۇتەۋاتىر بولغان، خەبەرلەر ئارقىمۇئارقا كەلگەنىدى. ئۇلار رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ شاپائىتىنى ئىنكار قىلدى ۋە بۇ ھەقتە ئىلگىرى ئۆتكەن سەلەفلەردىن كەلگەن رىۋايەتنى رەت قىلدى. ئۇلار يەنە قەبر ئازابىنى ۋە كافىرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قەبرلىرىدە ئازابلىنىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلدى. ھالبۇكى ساھابەلەر ۋە تابىئىن بۇنىڭغا ئىجماﺋ قىلغانىدى. ئۇلار ﴿إِنۡ هَٰذَآ إِلَّا قَوۡلُ ٱلۡبَشَرِ / بۇ پەقەت ئىنساننىڭ سۆزىدۇر﴾(74/«مۇددەسسىر»: 25) دېگەن مۇشرىك قېرىنداشلىرىنىڭ گېپىگە ئوخشاش ھالدا، قۇرئاننىڭ مەخلۇق ئىكەنلىكىگە ئېتىقاد قىلدى ۋە ‹قۇرئان ئىنساننىڭ سۆزىگە ئوخشاش› دەپ دەۋا قىلدى. ئۇلار ‹ئىككى ياراتقۇچى بار، بىرسى ياخشىلىقنى يارىتىدۇ، يەنە بىرسى يامانلىقنى يارىتىدۇ› دەيدىغان مەجۇسىيلارنىڭ گېپىگە ئوخشاش ‹بەندىلەر يامانلىقنى يارىتىدۇ› دەپ ئىشەندى. ئۇلار ئاللاھنىڭ خاھلىغىنىنىڭ بولىدىغانلىقى، خاھلىمىغىنىنىڭ بولمايدىغانلىقىدىن ئىبارەت پۈتۈن مۇسۇلمانلار ئىجماﺋ قىلغان ئەقىدىگە خىلاپ ھالدا، ئاللاھنىڭ بولمايدىغان نەرسىنى خاھلايدىغانلىقى ۋە ئۇ خاھلىمايدىغان نەرسىنىڭ بولىدىغانلىقىنى دەۋا قىلدى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ﴿وَمَا تَشَآءُونَ إِلَّآ أَن يَشَآءَ ٱللَّهُ رَبُّ ٱلۡعَٰلَمِينَ / ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھ خاھلىغاندىلا، ئاندىن سىلەر خاھلايسىلەر﴾(81/«تەكۋىر»: 29) دېگەن سۆزىنى ۋە يەنە ﴿وَلَوۡ شِئۡنَا لَأٓتَيۡنَا كُلَّ نَفۡسٍ هُدَىٰهَا / ئەگەر بىز خاھلىساق، ھەربىر كىشىگە ئەلبەتتە ھىدايەت بېرەتتۇق﴾(32/«سەجدە»: 13) دېگەن سۆزىنى، يەنە ﴿فَعَّالٞ لِّمَا يُرِيدُ / (ئاللاھ) خاھلىغىنىنى قىلغۇچىدۇر﴾(85/«بۇرۇج»: 16) دېگەن سۆزىنى، يەنە ئاللاھ تائالانىڭ شۇئەيبنىڭ ﴿وَمَا يَكُونُ لَنَآ أَن نَّعُودَ فِيهَآ إِلَّآ أَن يَشَآءَ ٱللَّهُ رَبُّنَاۚ / پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھ خاھلىسىلا، بىز سىلەرنىڭ دىنىڭلارغا قايتمايمىز﴾(7/«ئەئراف»: 89) دېگەنلىكىدىن خەبەر بەرگەن سۆزىنى رەت قىلدى. شۇڭا، ئۇلارنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹بۇ ئۈممەتنىڭ مەجۇسىيلىرى› دەپ ئاتىغان. چۈنكى، ئۇلار مەجۇسىيلارنىڭ دىنلىرىغا بويسۇندى، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە ئوخشاش گەپ قىلدى ۋە مەجۇسىيلار دەۋا قىلغاندەك يامانلىق ۋە ياخشىلىقنىڭ ئىككى ياراتقۇچىسى بارلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ پايدا – زىيىنىغا ئۆزلىرى ئىگە ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىپ، ئاللاھ تائالانىڭ ﴿قُل لَّآ أَمۡلِكُ لِنَفۡسِي نَفۡعٗا وَلَا ضَرًّا إِلَّا مَا شَآءَ ٱللَّهُۚ / ئاللاھ خاھلىمىسا، ئۆزۈمگە پايدا يەتكۈزۈش، زىياننى توسۇپ قېلىش قولۇمدىن كەلمەيدۇ﴾(7/«ئەئراف»: 188) دېگەن سۆزىنى رەت قىلدى ھەمدە قۇرئاندىن ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجمائسىدىن بۇرۇلۇپ كەتتى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەمەللىرىگە ئۇلارنىڭ رەببى ئەمەس، يالغۇز ئۆزلىرى قادىر بولىدىغانلىقىنى دەۋا قىلدى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھ ئەززە ۋەجەللەدىن بىھاجەت ئىكەنلىكىنى مۇقەررەرلەشتۈردى ۋە ئاللاھنى قادىرلىق بىلەن سۈپەتلىمىگەن ئىشلارغا ئۆزلىرىنى قادىرلىق بىلەن سۈپەتلىدى، خۇددى مەجۇسىيلار ئاللاھ ئەززە ۋەجەللەگە مۇقەررەرلەشتۈرمىگەن يامانلىققا بولغان قادىرلىقنى شەيتانغا مۇقەررەرلەشتۈرگەندەك. شۇڭا، ئۇلار مۇشۇ ئۈممەتنىڭ مەجۇسىيلىرى بولغان. چۈنكى، ئۇلار مەجۇسىيلارنىڭ دىنىغا بويسۇندى ۋە ئۇلارنىڭ گەپلىرىگە ئېسىلدى، ئۇلارنىڭ ئازغۇنلۇقلىرىغا مايىل بولدى، كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ، گۇناھ قىلغانلارنىڭ دوزاختا مەڭگۈ قالىدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلدى. بۇ ئارقىلىق ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿وَيَغۡفِرُ مَا دُونَ ذَٰلِكَ لِمَن يَشَآءُۚ / ئاللاھ خاھلىغان كىشىنىڭ شىركتىن باشقا گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدۇ﴾(4/«نىساﺋ»: 48) دېگەن سۆزىگە قارشى كەلدى. ئۇلار ‹دوزاخقا كىرگەن ئادەم ئۇنىڭدىن چىقمايدۇ› دەپ دەۋا قىلدى. بۇ ئارقىلىق ئۇلار رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن كەلگەن: ‹إِنَّ اللَّهَ عَزَّ وَجَلَّ يخرج مِنَ النَّارِ قوما بعدما امْتُحِشُوا وَعَادُوا حُمَمًا / ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە كۆيۈپ كۆمۈرگە ئايلىنىپ كەتكەن بىر تۈركۈم كىشىلەرنى دوزاختىن چىقىرىدۇ› (1) دېگەن رىۋايەتكە قارشى چىقتى. ئۇلار يەنە ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿وَيَبۡقَىٰ وَجۡهُ رَبِّكَ ذُو ٱلۡجَلَٰلِ وَٱلۡإِكۡرَامِ / ئەزىمەتلىك ۋە كەرەملىك پەرۋەردىگارىڭنىڭ يۈزى مەڭگۈ قالىدۇ﴾(55/«راھمان»: 27) دېگەن سۆزى تۇرسا، ئاللاھ ئەززە ۋەجەللەنىڭ يۈزى بارلىقىنى رەت قىلدى. ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ ﴿لِمَا خَلَقۡتُ بِيَدَيَّۖ / ئىككى قولۇم بىلەن ياراتقانلىقىم ئۈچۈن﴾(38/«ساد»: 75) دېگەن سۆزى تۇرسا، ئاللاھنىڭ ئىككى قولى بولۇشىنى ئىنكار قىلدى. ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿تَجۡرِي بِأَعۡيُنِنَا / كېمە بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا ماڭاتتى﴾(54/«قەمەر»: 14) دېگەن سۆزى تۇرسا ۋە يەنە ﴿وَلِتُصۡنَعَ عَلَىٰ عَيۡنِيٓ / كۆز ئالدىمدا تەربىيەلىنىشىڭ ئۈچۈن﴾(20/«تاھا»: 39) دېگەن سۆزى تۇرسا، ئاللاھنىڭ كۆزى بولۇشىنى ئىنكار قىلدى. يەنە ئۇلار رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن رىۋايەت قىلىنغان «يَنْزِلُ اللَّهُ تَبَارَكَ وَتَعَالَى إِلَى السَّمَاءِ الدُّنْيَا / ئاللاھ تەبارەكە ۋەتائالا دۇنيا ئاسمىنىغا چۈشىدۇ»(2) دېگەن ھەدىسنىمۇ ئىنكار قىلدى. مەن چوقۇم بۇلارنى ئاللاھ خاھلىسا بابمۇباب سۆزلەيمەن. ياردەم ۋە قوللاش ئاللاھتىندۇر، تەۋپىق ۋە توغرىلىقمۇ ئاللاھتىندۇر… ئەگەر بىراۋ: ‹سىلەر مۇئتەزىلەلەرنىڭمۇ، قەدەرىيلەرنىڭمۇ، جەھمىيلەرنىڭمۇ، ھەرۇرىيلەر (خاۋارىجلار) نىڭمۇ، رافىزىيلارنىڭمۇ، مۇرجىئەلەرنىڭمۇ گېپىنى ئىنكار قىلدىڭلار، ئۆزۈڭلارنىڭ دەيدىغان گېپىڭلارنى، ئۆزۈڭلارنىڭ بويسۇنىدىغان دىنىڭلارنى بىزگە تونۇشتۇرۇڭلار› دېسە، ئۇنىڭغا جاۋابەن مۇنداق دېيىلىدۇ: بىزنىڭ دەيدىغان گېپىمىز ۋە بىزنىڭ بويسۇنىدىغان دىنىمىز بولسا ئاللاھ ئەززە ۋەجەللەنىڭ كىتابىغا، ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ سۈننىتىگە، ساھابە – تابىئىندىن ۋە ھەدىس ئىماملىرىدىن رىۋايەت قىلىنغان كۆرسەتمىلەرگە چىڭ ئېسىلىشتۇر، بىز ئەنە شۇنى ۋە ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل (ئاللاھ ئۇنىڭ يۈزىنى نۇرلۇق قىلسۇن، دەرىجىسىنى ئالىي، ساۋابىنى مول قىلسۇن!) نىڭ ماڭغان يولىنى چىڭ تۇتىمىز، ئۇنىڭ سۆزىگە خىلاپ بولغان نەرسىدىن يىراق بولىمىز. چۈنكى، ئۇ پازىل ئىمام، كامىل رەئىستۇركى، ئازغۇنلۇق يۈز بەرگەن چاغدا ئاللاھ ئۇ ئارقىلىق ھەقنى ئاشكارىلىدى، يولنى ئايدىڭلاشتۇردى، ئۇ ئارقىلىق بىدئەتچىلەرنىڭ بىدئەتلىرىنى، گۇمراھلارنىڭ گۇمراھلىقىنى، شۈبھىچىلەرنىڭ شۈبھىلىرىنى بىتچىت قىلدى. ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇنكى، ئۇ ئىلغار بىر ئىمام، ئۆتكۈر بىر بۈيۈكتۇر. مۇسۇلمانلارنىڭ جىمى ئىماملىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمىتى بولسۇن!»(3)

[207] يۇقىرىقىلاردىن شۇ ئايان بولىدۇكى، ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇ ئىمام ئەھمەدنىڭ قاراشلىرىنى تىرىلدۈرۈش ئۈچۈن كەلگەن. چۈنكى، ئۇ ئۇنىڭ يولىنى ئۆزىنىڭ يولى دەپ ھېسابلايدۇ. شۇڭا، ئۇ ئۆزى تاللىغان ئىمام ئەھمەدنىڭ يولى ھەققىدە دەيدۇكى: «گېپىمىزنىڭ خۇلاسىسى: ئاللاھنى، ئۇنىڭ پەرىشتىلىرىنى، كىتابلىرى ۋە ئەلچىلىرىنى، ئاللاھ دەرگاھىدىن كەلگەن نەرسىلەرنى، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىدىن ئىشەنچلىكلەر رىۋايەت قىلغان نەرسىلەرنى ئېتىراپ قىلىمىز، شۇلاردىن ھېچبىرىنى رەت قىلمايمىز. ئاللاھ تائالا بىردۇر، يەككىدۇر، يېگانىدۇر؛ ھەممىدىن بىھاجەتتۇر، ھەممە ئۇنىڭغا ھاجەتمەندۇر؛ ئۇنىڭدىن باشقا ھېچبىر ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ خوتۇن ئالغانمۇ ئەمەس، بالا تاپقانمۇ ئەمەس؛ مۇھەممەد ئۇنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسىدۇر؛ جەننەت ۋە دوزاخ ھەقتۇر، قىيامەت شەكسىز بولغۇچىدۇر، ئاللاھ قەبردىكىلەرنى تىرىلدۈرىدۇ؛ ئاللاھ ئۆزى ئېيتقاندەك ئەرشىگە ئىستىۋاﺋ قىلدى(4): ﴿ٱلرَّحۡمَٰنُ عَلَى ٱلۡعَرۡشِ ٱسۡتَوَىٰ / رەھمان ئەرشكە ئىستىۋاﺋ قىلدى﴾(20/«تاھا»: 5)، ئۆزى ئېيتقاندەك ئۇنىڭ يۈزى بار: ﴿وَيَبۡقَىٰ وَجۡهُ رَبِّكَ ذُو ٱلۡجَلَٰلِ وَٱلۡإِكۡرَامِ / ئەزىمەتلىك ۋە كەرەملىك پەرۋەردىگارىڭنىڭ يۈزى مەڭگۈ قالىدۇ﴾(55/«راھمان»: 27)، ئۆزى ئېيتقاندەك ئۇنىڭ قولى بار: ﴿بَلۡ يَدَاهُ مَبۡسُوطَتَانِ / بەلكى ئۇنىڭ قولى ئوچۇقتۇر﴾(5/«مائىدە»: 64)، ئۆزى ئېيتقاندەك ئۇنىڭ كۆزى بار: ﴿تَجۡرِي بِأَعۡيُنِنَا / كېمە بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا ماڭاتتى﴾(54/«قەمەر»: 14)، ئۆزى ئېيتقاندەك ئاللاھنىڭ ئىلمى بار: ﴿أَنزَلَهُۥ بِعِلۡمِهِۦۖ / ئاللاھ قۇرئاننى ئۆزىنىڭ ئىلمى بىلەن نازىل قىلدى﴾(4/«نىساﺋ»: 166). ئۆزى ئېيتقاندەك ئاللاھنىڭ كۈچ – قۇۋۋىتىنى تەستىقلايمىز: ﴿أَوَلَمۡ يَرَوۡاْ أَنَّ ٱللَّهَ ٱلَّذِي خَلَقَهُمۡ هُوَ أَشَدُّ مِنۡهُمۡ قُوَّةٗۖ / ئۇلار ئۆزلىرىنى ياراتقان ئاللاھنىڭ كۈچ – قۇۋۋەتتە ئۆزلىرىدىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى بىلمىدىمۇ؟﴾(41/«فۇسسىلەت»: 15)، ئاللاھنىڭ كۆرۈشى ۋە ئاڭلىشىنى تەستىقلايمىز، ئۇنى مۇئتەزىلە ۋە جەھمىيلەر ئىنكار قىلغاندەك ئىنكار قىلمايمىز. ئېيتىمىزكى، ئاللاھنىڭ كالامى ھەقىقەتەن مەخلۇق ئەمەس، ئاللاھ بىرەر نەرسىنى ياراتماقچى بولسا، ئۇنىڭغا: ‹بول!› دەيدۇ – دە، شۇئان بولىدۇ. ئاللاھ خاھلىمىسا، زېمىندا ھېچنەرسە بولمايدۇ؛ ياخشىلىقمۇ، يامانلىقمۇ بولمايدۇ؛ شەيئىلەر ئاللاھنىڭ خاھلىشى بىلەن بولىدۇ، ھېچكىم ئاللاھ قىلىشتىن بۇرۇن ھېچنېمىنى قىلالمايدۇ؛ بىز ئاللاھتىن بىھاجەت بولالمايمىز، ئاللاھنىڭ ئىلمىدىن چىقىپ كېتىشكە قادىر ئەمەسمىز؛ ئاللاھ ئۆزى ئېيتقاندەك ئاللاھتىن باشقا خالىق يوق، بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرى ئاللاھ ئۈچۈن مەخلۇقتۇر ۋە تەقدىرى ئاستىدىدۇر: ﴿وَٱللَّهُ خَلَقَكُمۡ وَمَا تَعۡمَلُونَ / سىلەرنى ۋە سىلەر قىلغان نەرسىلەرنى ئاللاھ ياراتتى﴾(37/«ساففات»: 96). ئاللاھ تائالا ئېيتقاندەك بەندىلەر ھېچنەرسىنى يارىتىشقا قادىر بولالمايدۇ، ئۇلار ئۆزلىرى يارىتىلغۇچىدۇر: ﴿أَمۡ خُلِقُواْ مِنۡ غَيۡرِ شَيۡءٍ أَمۡ هُمُ ٱلۡخَٰلِقُونَ / ياكى ئۇلار ياراتقۇچىسىز يارىتىلغانمۇ؟ ياكى ئۇلار ئۆزلىرى ياراتقۇچىمۇ؟﴾(52/«تۇر»: 35). ئاللاھ ھەققىدە بۇنداق ئايەتلەر نۇرغۇندۇر. ئاللاھ مۇئمىنلەرنى ئۆزىنىڭ تائىتىگە مۇۋەپپەق قىلدى، ئۇلارغا مەرھەمەت قىلدى ۋە ئۇلارغا (رەھمەت بىلەن) باقتى. ئاللاھ تابارەكە ۋەتائالا: ﴿مَن يَهۡدِ ٱللَّهُ فَهُوَ ٱلۡمُهۡتَدِيۖ وَمَن يُضۡلِلۡ فَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡخَٰسِرُونَ / ئاللاھ ھىدايەت قىلغان ئادەم ھىدايەت تاپقۇچىدۇر، ئاللاھ گۇمراھ قىلغان ئادەم زىيان تارتقۇچىدۇر﴾(7/«ئەئراف»: 178) دېگەندەك، ئەگەر ئاللاھ ئىنسانلارنى سالىھ قىلسا ئىدى، چوقۇم سالىھ بولاتتى، ئەگەر ھىدايەت قىلسا ئىدى، چوقۇم ھىدايەت تاپاتتى. شۇنداقلا بىز ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ قازاسىغا، ياخشى – يامان، شېرىن ۋە ئاچچىق ھەممە قەدەرىگە ئىشىنىمىز، ‹قەدەردە بىزگە يېتىدىغىنى بىزدىن ئۆتۈپ كەتمەيدۇ، قەدەردە بىزدىن ئۆتۈپ كېتىدىغىنى بىزگە يەتمەيدۇ› دەپ بىلىمىز. بىز: ‹قۇرئان ئاللاھنىڭ كالامى، مەخلۇق ئەمەس› دەيمىز. كىمكى ‹قۇرئان مەخلۇق› دەيدىكەن، قۇرئانغا كافىر بولىدۇ. خۇددى ئاي ئون تۆتىنچى كېچىسى ئوپئوچۇق كۆرۈلگەندەك، ئاللاھ تائالامۇ قىيامەت كۈنى كۆزلەر بىلەن (ئوپئوچۇق) كۆرۈلىدۇ، ئۇنى مۇئمىنلەر كۆرىدۇ. چۈنكى، بۇ ھەقتە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن رىۋايەتلەر كەلگەن(5). ئاللاھنى كۆرۈشتىن كافىرلار چەكلىنىدۇ، دەيمىز. چۈنكى، ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە: ﴿كـَلَّآ إِنَّهُمۡ عَن رَّبِّهِمۡ يَوۡمَئِذٖ لَّمَحۡجُوبُونَ / ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ھەقىقەتەن ئۇلار بۇ كۈندە پەرۋەردىگارىنى كۆرۈشتىن مەنئى قىلىنغان﴾(83/«مۇتەففىفىين»: 15) دېگەن. بىز ئەھلى قىبلىدىن ھېچكىمنى زىنا، ئوغرىلىق، ھاراق ئىچىشكە ئوخشاش ئۆتكۈزگەن بىرەر گۇناھى تۈپەيلى كافىرغا چىقارمايمىز. خاۋارىجلار بۇنىڭ ئەكسىچە ئېتىقاد قىلدى ۋە گۇناھ ئۆتكۈزگەنلەرنى كافىر دەپ دەۋا قىلدى. بىز دەيمىزكى، كىمكى چوڭ گۇناھلاردىن بىرەرىنى ئۇنى ھارام دەپ ئېتىقاد قىلماي، ھالال ساناپ تۇرۇپ قىلسا، كافىر بولىدۇ. بىز يەنە دەيمىزكى، ئاللاھ بىر قەۋمنى كۆيۈپ بولغاندىن كېيىن مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ شاپائىتى بىلەن دوزاختىن چىقىرىدۇ. بىز قەبر ئازابىغا، ئىماننىڭ سۆز ۋە ئەمەلدىن ئىبارەت ئىكەنلىكى(6)، ئۇنىڭ ئارتىدىغانلىقى ۋە كېمىيىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. ئاللاھ پەيغەمبىرىگە ھەمراھ بولۇشقا تاللىغان سەلەفلەرنى سۆيۈشنى دىن دەپ بىلىمىز، ئاللاھ ئۇلارنى نېمە دەپ ماختىغان بولسا، بىزمۇ شۇنداق ماختايمىز ۋە ئۇلارنى دوست تۇتىمىز. دەيمىزكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن كېيىن، خەلىفە ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدۇر، ئاللاھ ئۇ ئارقىلىق ھەقىقەتەن دىننى ئەزىز قىلدى، ئۇنى مۇرتەدلەر ئۈستىدىن غالىب قىلدى. ئاندىن كېيىن خەلىفە ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدۇر، ئاندىن خەلىفە ئوسماندۇر (ئاللاھ ئۇنىڭ يۈزىنى نۇرلۇق قىلغاي!) ئۇنى قاتىللار ناھەق ئۆلتۈرۈۋەتتى. ئاندىن كېيىن خەلىفە ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىبتۇر. مۇشۇلار رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن كېيىنكى خەلىفەلەردۇر، ئۇلارنىڭ خەلىفىلىكى پەيغەمبەرچە خەلىفىلىكتۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جەننەتىي ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەرگەن ئون كىشىگە بىزمۇ گۇۋاھلىق بېرىمىز، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بارلىق ساھابەلىرىنى دوست تۇتىمىز، ئۇلار ئارىسىدا يۈز بەرگەن دەتالاشلاردىن تىلىمىزنى يىغىمىز، تۆت خەلىفىنىڭ توغرا يولدا ماڭغان ۋە ھىدايەت ئۈستىدە بولغان پازىل كىشىلەر ئىكەنلىكى، پەزىلەتتە ئۇلارغا باشقىلارنىڭ تەڭ كېلەلمەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. مۇسۇلمانلارنىڭ خەلىفىلىرىگە رەھمەت تىلەپ دۇئا قىلىمىز، ئۇلارنىڭ خەلىفىلىكىنى ئېتىراپ قىلىمىز، ئۇلاردىن خاتالىق كۆرۈلسە، ئۇلارغا قارشى چىقىشنى راۋا كۆرگەن كىشىنى ئازغۇنغا چىقىرىمىز، قىلىچ كۆتۈرۈپ ئۇلارغا قارشى چىقىشنى، فىتنە يۈز بەرگەندە ئۇرۇشۇشنى توغرا كۆرمەيمىز. دەججالنىڭ چىقىدىغانلىقىنى ئىقرار قىلىمىز، قەبر ئازابى، مۇنكەر ۋە نەكىرنى ئىقرار قىلىمىز. مىئراج ھەدىسىنى تەستىقلايمىز، ئۇيقۇدىكى چۈشلەرنىڭ كۆپىنى تەستىقلايمىز، مۇئمىنلەرنىڭ ئۆلگەنلىرى ھەققىدە سەدىقە قىلىشنى ۋە ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلىشنى توغرا دەپ قارايمىز، ئاللاھنىڭ ئۇلارغا پايدا يەتكۈزىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. ئاللاھنىڭ سالىھلەرنى ئۆزىنىڭ ئايەتلىرى (يەنى كارامەتلىرى) گە خاس قىلىشى مۇمكىن دەيمىز. مۇشرىكلەرنىڭ (كىچىك ئۆلۈپ كەتكەن) بالىلىرى توغرىسىدىكى گېپىمىز: رىۋايەتلەردە سۆزلەنگىنىدەك، ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە ئاخىرەتتە ئۇلار ئۈچۈن بىر ئوت ياقىدۇ، ئاندىن: ‹ئۇنىڭغا كىرىڭلار› دەيدۇ. فىتنەگە چاقىرىدىغانلاردىن ۋە ھاۋايى – ھەۋەس ئەھلىدىن يىراق تۇرىمىز. بىز ئەمدى يۇقىرىدا دېگەنلىرىمىزگە دەلىل كەلتۈرىمىز»(7).

[208] بۇ گەپلەرنى ئۇزۇن بولسىمۇ نەقىل قىلدۇق. چۈنكى، ئىمام ئەشئەرىي ئۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەزھەبىنىڭ ۋە ئۆزى تاللىغان يولنىڭ ئىنچىكە خۇلاسىسىنى بايان قىلغان. يىغىنچاقلىساق، بۇ شۇلارنى كۆرسىتىدۇ:

1)  سالىھلەرگە بىرەر ئايەتنىڭ بولۇشى مۇمكىندۇر. ئايەت دېمەك ئالىملار مۆجىزىدىن ئايرىش ئۈچۈن كارامەت(8) دەپ ئاتاپ كەلگەن نەرسىدۇر. ئىمام ئەشئەرىي «مېيىتكە دۇئا قىلىش ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن سەدىقە قىلىشنى دۇرۇس، مېيىتكە پايدىسى بار» دەپ قارايدۇ.

2)  سۈننەتتە كەلگەن بارلىق ئەقىدىلەر قوبۇل قىلىنىدۇ، بۇنىڭدا «مۇتەۋاتىر سۈننەت بىلەن خەبەرى ۋاھىد ئوتتۇرىسىدا پەرق يوق» دەپ قارايدۇ ۋە سۈننەت ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئەقىدىلەرنى ھەممە يەردە ھۆججەت قىلىدۇ. ئۇ ھەقىقەتەن ئاھاد ھەدىسلەر بىلەن ئىسپاتلانغان ئىشلارغىمۇ ئېتىقاد قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

3)  ئۇ ئاللاھنى باشقا نەرسىلەرگە ئوخشىتىشنى گۇمانلاندۇرۇپ قويىدىغان ئايەتلەردە نەسلەرنىڭ زاھىرلىرىنى تۇتىدۇ ۋە ئوخشىتىشقا كىرىپ قالمايدۇ. دېمەك، ئۇ «ئاللاھنىڭ يۈزى بار، ئەمما بەندىلەرنىڭ يۈزىدەك ئەمەس؛ ئاللاھنىڭ قولى بار، ئەمما مەخلۇقاتنىڭ قولىغا ئوخشىمايدۇ» دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ.

4)  ئۇ ئۆزىنىڭ ئېتىقاد قىلغانلىرىنى ئىمام ئەھمەدنىڭ قارىشى دەپ قارايدۇ ۋە ئۇنى ئىلغار ئىمام، ئۆتكۈر ئالىم دەپ قارايدۇ.

[209] فەقىھ ۋە مۇھەددىسلەر بىلەن مۇئتەزىلەلەر ئارىسىدا چىققان ئىختىلاپلاردا ئىمام ئەشئەرىي مەزھەبى فەقىھ ۋە مۇھەددىسلەر بىلەن بىر سەپتە بولۇشى بىلەن بىرگە، شۇنداقلا ئىمام ئەشئەرىي نەسلەرنىڭ زاھىرلىرىنى ھېچبىر تەئۋىلگە تايانماستىن مۇتلەق تۇتۇشى بىلەن بىرگە، ئۇ ھاۋايى – ھەۋەس ئەھلىدىن مۇتلەق يىراق ئىدى. ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭ قاراشلىرى مۇئتەزىلەلەر، ھەشۋىييەلەر(9) ۋە جەبرىيلەردىن ئىبارەت دەتالاش قىلغۇچىلارنىڭ، شۇنداقلا ئىنكار بىلەن تەستىق ئىشىدا چەكتىن ئېشىپ كەتكۈچىلەرنىڭ ئارىسىدا ئوتتۇراھال يول ئىدى. شۈبھىسىزكى، ئىمام ئەشئەرىينىڭ ھاياتىنى تەتقىق قىلغۇچى شۇنى ھېس قىلىدۇكى، ئۇنىڭ ھەرقانداق شەكىلدىكى ئاشقۇنلۇقتىن يىراق ئوتتۇراھال بىر مەزھەبنى تاللىشى ئۇنىڭ مەلۇماتىغا ئۇيغۇن كەلگەن. ئۇنىڭ «مەقالاتۇل ئىسلامىييىن» ناملىق كىتابى مۇشۇ قاراشلار ئۈچۈن يېزىلغان. ئۇ گەرچە ھەققىدە بىرەر ھەدىس ياكى بىرەر ئايەت كەلگەن ھەر ئىشتا بەزى فۇقەھائ‍ بىلەن ئۇيغۇنلاشقان بولسىمۇ، «قۇرئان»غا مۇناسىۋەتلىك پەلسەپەۋى قاراشلاردا ئاشۇ ئوتتۇراھال يولنى تاللىغان. ئىنچىكە قارىغان ئادەمگە ئۇنىڭ پىكىرلىرىنىڭ ھەربىرىدىن ئاشۇ ئوتتۇراھاللىقنى تېپىشى تەس ئەمەس.

مەسىلەن، ئۇنىڭ سۈپەتلەر (ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرى) ھەققىدىكى قارىشى مۇئتەزىلە ۋە جەھمىيلەر بىلەن ھەشۋىييەلەر ۋە مۇجەسسىمەلەر ئارىسىدا ئوتتۇراھال يولدۇر. ئاۋۋالقىلىرى «قۇرئان»دا كەلگەن سۈپەتلەرنى ئىنكار قىلغان، پەقەتلا مەۋجۇدلۇق، قەدىملىك، باقىيلىق، يېگانىلىك سۈپەتلىرىنى تەستىقلىغان. ئۇلار ئاڭلاش، كۆرۈش، سۆزلەش ۋە ئۇندىن باشقا زاتىي سۈپەتلەرنى ئىنكار قىلغان ۋە: «بۇ سۈپەتلەر زاتتىن باشقا بىرنەرسە ئەمەس» دېگەن ھەمدە يەنە: «قۇرئاندا ئۇ سۈپەتلەر ‹ئەررەھمان› ۋە ‹ئەررەھىم›دەك ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىملىرىدۇر» دېگەن. ھەشۋىييەلەر ۋە مۇجەسسىمەلەر ئاللاھ تائالانىڭ زاتىي سۈپەتلىرىدە ئۇنىڭ زاتىنى ھادىسلارنىڭ سۈپەتلىرىگە ئوخشاتقان. ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئوخشىتىشلىرىدىن پاكتۇر. ئىمام ئەشئەرىي كېلىپ، «قۇرئان» ۋە سۈننەتتە كەلگەن بارلىق سۈپەتلەرنى تەستىقلىغان ۋە ئۇنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ زاتىغا لايىق كېلىدىغان، ھادىسلارنىڭ سۈپەتلىرىگە ئوخشىمايدىغان سۈپەتلەر ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان. دېمەك، ئاللاھ تائالانىڭ ئاڭلىشى ھادىسلارنىڭ ئاڭلىشىغا ئوخشىمايدۇ، ئۇنىڭ كۆرۈشى ھادىسلارنىڭ كۆرۈشىگە ئوخشىمايدۇ، ئۇنىڭ سۆزلىشى ھادىسلارنىڭ سۆزلىشىگە ئوخشىمايدۇ.

ئىمام ئەشئەرىينىڭ ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتى ۋە ئىنساننىڭ پېئىللىرى ھەققىدىكى قارىشى جەبرىيلەر بىلەن مۇئتەزىلەلەر ئارىسىدا ئوتتۇراھال يولدۇر. مەسىلەن، مۇئتەزىلەلەر: «بەندە ئۆزىنىڭ پېئىللىرىنى ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا ئورۇنلاشتۇرغان كۈچ بىلەن يارىتىدۇ» دېگەن. جەبرىيلەر: «ئىنسان بىرەر نەرسىنى پەيدا قىلىشقا ۋە بىرەر نەرسىنى كەسپ قىلىشقا قادىر بولالمايدۇ، بەلكى ئۇ شامال ئېغىزىدىكى پەيدەكتۇر» دېگەن. ئىمام ئەشئەرىي: «ئىنسان بىرنەرسىنى پەيدا قىلىشقا قادىر بولالمايدۇ، لېكىن كەسپ(10) قىلىشقا قادىر بولالايدۇ» دېگەن(11).

قىيامەت كۈنى ئاللاھنى كۆرۈشكە نىسبەتەن، مۇئتەزىلەلەر: «ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا كۆرۈلمەيدۇ» دېگەن ۋە «قۇرئان» نەسلىرىنى تەئۋىل قىلغان، پەيغەمبەر ھەدىسلىرىنى خەبەرى ۋاھىد دەپ تۇتمىغان. مۇشەببىھەلەر: «ئاللاھ قىيامەت كۈنى مەلۇم شەكىلدە ۋە مەلۇم دائىرە ئىچىدە كۆرۈلىدۇ» دېگەن. ئىمام ئەشئەرىي ئوتتۇراھال بىر يولدا مېڭىپ: «ئاللاھ چۈشمەستىن ۋە مەلۇم دائىرىدە بولماستىن كۆرۈلىدۇ» دېگەن.

«قۇرئان» ۋە ھەدىستە ﴿يَدُ ٱللَّهِ فَوۡقَ أَيۡدِيهِمۡۚ / ئاللاھنىڭ قولى ئۇلارنىڭ قوللىرى ئۈستىدىدۇر﴾(48/«فەتىھ»: 10) غا ئوخشاش ئاللاھنى مەلۇم نەرسىگە ئوخشىتىشنى گۇمانلاندۇرۇپ قويىدىغان ھالدا كەلگەن كەلىمەلەرگە نىسبەتەن، مۇئتەزىلەلەر: «مەقسەت ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلار ئۈستىدىكى سەلتەنەتىدۇر» دېگەن. ھەشۋىييەلەر: «ئۇنىڭ قولى تەننىڭ بىر ئەزاسى بولغان قولدۇر» دېگەن. ئىمام ئەشئەرىي: «ئۇنىڭ قولى ئۇنىڭ ئۇلۇغ زاتىغا لايىق بولىدۇ، ئۇ بىزنىڭ قوللىرىمىزدەك ئەزا قول ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ قولى ئاڭلاش ۋە كۆرۈشتەك بىر سۈپەتتۇر» دېگەن. ئۇنىڭ «ئەلئىبانە (الإبانة)» دېگەن كىتابىدا مۇشۇنداق كەلگەن. دېمەك، ئۇ «قول (اليد)»دىن نېمە مەقسەت ئىكەنلىكىنى ئاللاھقا تاپشۇرغان ۋە ئوخشىتىشنى ئىنكار قىلغان. لېكىن، ئۇنىڭ مۇئتەزىلەلەرگە رەددىيە بېرىش ئۈچۈن قىزىققانلىق بىلەن ئاشكارىلىغان بۇ قارىشىدىن يېنىۋالغانلىقى مەلۇمدۇر. چۈنكى، «ئەللۇمەﺋ (اَللُّمَعُ)» دېگەن كىتابىدا ئۇنىڭ مۇئتەزىلە ۋە باشقىلار تەئۋىل قىلغاندەك قولنى قۇدرەتكە تەئۋىل قىلىشنى قارار قىلغانلىقى كەلگەن.

«قۇرئان»غا نىسبەتەن، مۇئتەزىلەلەر: «قۇرئان مەخلۇقتۇر، ئاللاھ تائالا ياراتقان ھادىستۇر» دېگەن. ھەشۋىييەلەر: «ھەرپلەر، ھەرپلەر يېزىلغان جىسىملار ۋە ھەرپ يېزىلغان رەڭلەر ھەمدە ئىككى مۇقاۋا ئىچىدىكى نەرسىلەر ھەممىسى مەخلۇق ئەمەس» دېگەن(12). ئىمام ئەشئەرىي ئوتتۇراھال بىر يولدا مېڭىپ ئېيتقانكى: «قۇرئان ئاللاھنىڭ كالامىدۇر، ئۆزگەرتىلگەن ئەمەستۇر، مەخلۇق ئەمەستۇر، ھادىس ئەمەستۇر، پەيدا قىلىنغان ئەمەستۇر، ئەمما ھەرپلەر، رەڭلەر، جىسىملار، ئاۋازلارغا كەلسەك، بۇلار مەخلۇقتۇر، پەيدا قىلىنغۇچىدۇر».

چوڭ گۇناھ قىلغۇچىغا نىسبەتەن، مۇئتەزىلەلەر: «ئىمانى ۋە تائىتى بار ھالدا چوڭ گۇناھ قىلغان ئادەم گۇناھى ئۈچۈن تەۋبە قىلمىسا، دوزاختىن چىقالمايدۇ» دېگەن. ئەھلىسۈننەتتىن باشقا مۇرجىئەلەر: «كىمكى ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئۈچۈن مۇخلىس بولسا، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتسا، قانچە چوڭ گۇناھ بولۇپ كەتسۇن ئۇنىڭغا زىيىنى بولمايدۇ» دېگەن. ئىمام ئەشئەرىي: «پاسىق مۇۋەھھىد مۇئمىن ئاللاھنىڭ خاھلىشىدا بولىدۇ، خاھلىسا ئەپۇ قىلىپ جەننەتكە كىرگۈزىدۇ، خاھلىسا پاسىقلىقى سەۋەبىدىن جازالايدۇ، ئاندىن جەننەتكە كىرگۈزىدۇ» دېگەن.

شاپائەتكە نىسبەتەن، ئىمامىيلار: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ شاپائەت قىلىش ھوقۇقى بار ھەمدە ئىماملارنىڭمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ھوقۇقى بار» دېگەن. مۇئتەزىلەلەر: «بەندىلەردىن ھېچكىمنىڭ شاپائەت قىلىش ھوقۇقى يوق» دېگەن. ئىمام ئەشئەرىي ئوتتۇراھال بىر يولدا مېڭىپ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئازابقا لايىق مۇئمىنلەر ھەققىدە مەقبۇل شاپائىتى بار، ئۇلارغا ئاللاھنىڭ ئەمرى ۋە ئىزنى بىلەن شاپائەت قىلىدۇ، باشقا پەيغەمبەرلەر (ھەممىسىگە ئاللاھنىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن!) گە ئوخشاش پەقەتلا ئاللاھ رازى بولغان كىشىگە شاپائەت قىلالايدۇ» دېگەن.

ئۇنىڭ قايمۇقۇشتىن يىراق تۇرۇش ئۈچۈن، مۇشۇنداق ئوتتۇراھالراق يولغا كىرگەنلىكىنى كۆرىمىز. ئۇنىڭ قاراشلىرىنى ماتۇرىيدىيلەر ھەققىدە توختالغىنىمىزدا باشقا قاراشلار بىلەن سېلىشتۇرغان ھالدا بايان قىلىمىز.

[210] ئىمام ئەشئەرىي ئەقىدىلەرنى دەلىللەشتە نەقىل يولىدا ۋە ئەقىل يولىدا ماڭغان. ئۇ «قۇرئان كەرىم» ۋە ھەدىس شەرىپتە كەلگەن ئاللاھ تائالانىڭ، ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ، ئاخىرەت كۈنىنىڭ، مالائىكىلەرنىڭ سۈپەتلىرىنى، ھېساب، ئازاب ۋە ساۋاب سۈپەتلىرىنى ئېتىراپ قىلىدۇ، «قۇرئان» ۋە سۈننەتتە كەلگەن نەرسىلەرنى نەقىل جەھەتتىن ئەينەن تەستىقلاش ۋاجىب بولغاندىن كېيىن، ئەقلىي دەلىللەر ۋە مەنتىقىي پاكىتلار بىلەن ئۇلارنىڭ ئەقىل جەھەتتىن راستلىقىنى دەلىللەيدۇ. دېمەك، ئۇ نەسلەرنى تەئۋىل قىلىش ئۈچۈن ياكى نەسلەرنىڭ زاھىرىنى يۈرگۈزۈش ئۈچۈن ئەقىلنى نەسلەرگە ھاكىم قىلمايدۇ، بەلكى ئەقىلنى نەسلەرنىڭ زاھىرلىرىغا خادىم قىلىدۇ.

ئۇ بۇ يولدا، پەيلاسوپلار چۆككەن ۋە مەنتىقشۇناسلار ئىچكىرىلىگەن پەلسەپەۋى ھۆكۈملەر ۋە ئەقلىي مەسىلىلەردىن پايدىلانغان. ئۇنىڭ بۇ ئەقلىي يولغا كىرىشىنىڭ سەۋەبى:

1)  ئۇ مۇئتەزىلەلەرنىڭ قولىدا ئوقۇش پۈتتۈرگەن، ئۇلارنىڭ پىكرىي داستىخانلىرىدا تەربىيەلەنگەن. دېمەك، ئۇ ئۇلارنىڭ بۇلاقلىرىدىن سۇ ئىچىپ، «قۇرئان» ئەقىدىلىرىنى دەلىللەشتە ئۇلارنىڭ يولىنى تاللىغان، ئەمما «قۇرئان» ۋە ھەدىس نەسلىرىنى چۈشىنىشتە ئۇلارنىڭ يولىدا ماڭمىغان. ھالبۇكى مۇئتەزىلەلەر «قۇرئان» ئەقىدىلىرىنى دەلىللەشتىكى يولىدا مەنتىقشۇناسلارنىڭ ۋە پەيلاسوپلارنىڭ يولىدا ماڭغانىدى.

2)  ئۇ مۇئتەزىلەلەرگە رەددىيە بېرىش ۋە ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىققان. شۇڭا، ئۇلارنىڭ شۈبھىلىرىنى يوقىتىپ، پاكىتلىرىنى ئاغدۇرۇپ، ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ دەلىللىرى بىلەن مات قىلىپ يېڭىشى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭنىڭكىگە ئوخشاپ قالىدىغان ھۆججەت كۆرسىتىشى ۋە ئۇلارنىڭ دەلىللەش ئۇسۇلىنى قوللىنىشى كېرەك ئىدى.

3)  ئۇ پەيلاسوپلارغا، قەرمەتىيلەرگە، باتىنىيلارغا ۋە ئۇلاردىن باشقىلارغا رەددىيە بېرىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىققان. بۇلارنىڭ كۆپىنى پەقەت مەنتىقىلىق قىياسلارلا ئېغىز ئاچالماس قىلاتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە پەيلاسوپلارمۇ بار بولۇپ، ئۇلارنى پەقەت ئەقلىي دەلىللا توختىتالايتتى.

[211] ھىجرىيە ئۈچىنچى ئەسىر ۋە تۆتىنچى ئەسىردە ھەقىقەتەن مۇئتەزىلەلەرنىڭ ئېتىبارى ئاجىزلاشتى. ھالبۇكى ئۇلار ھاۋايى – ھەۋەس ئەھلىگە رەددىيە بېرىش ئۈچۈن ۋە ئىسلامغا ھۇجۇم قىلىۋاتقانلارغا رەددىيە بېرىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىققانىدى ھەم بۇ يولدا قالتىس پىداكارلىقلارنى كۆرسەتكەنىدى. ئۇلارنىڭ ئېتىبارى ئاجىزلاشقاندىن كېيىن، ئەھلىسۈننەت ئالىملىرى ئارىسىدا ئاشۇ مۇھىم چوڭ ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالىدىغان كىشى ئىمام ئەشئەرىي بولۇشى كېرەك ئىدى. چۈنكى، ئۇ مۇشۇ ئىشتا پىداكارلىقلىرى بىلەن تونۇلغان مۇئتەزىلەلەرنىڭ شاگىرتى ئىدى ھەمدە ئۇ مۇئتەزىلە دۆلىتى يوقالغاندىن كېيىن شۇ دەۋردە تونۇلغان ئەھلىسۈننەتنىڭ ئىمامىغا ئايلانغان ئىدى.

ئىمام ئەشئەرىي شۇ جەھەتتىن كاتتا مەرتىۋە قازاندى ۋە ئۇنىڭ كۆپلىگەن ياردەمچىلىرى بار بولدى، ھۆكۈمدارلارنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمىگە ئېرىشتى، ئاندىن مۇئتەزىلەلەر، ھاۋايى – ھەۋەس ئەھلى ۋە كافىرلاردىن ئىبارەت رەقىبلىرىنى تەنقىدلىدى، ياردەمچىلىرىنى ئەھلىسۈننەتنىڭ رەقىبلىرى ۋە مۇخالىپلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن جاي – جايلارغا تارقاتتى. ئۆز دەۋرىنىڭ كۆپىنچە ئالىملىرى ئۇنى ئەھلىسۈننەت ۋە جامائەتنىڭ ئىمامى دەپ ئاتىدى.

[212] لېكىن، شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭغا قارشى چىقىدىغان ئالىملار كەلدى. مەسىلەن، ئىمام ئىبنى ھەزم ئۇنى جەبرىيلەردىن سانايدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ ئىنساننىڭ پېئىللىرى ھەققىدىكى قارىشى ئىبنى ھەزمنىڭ نەزەرىدە بەندىگە ئىختىيارلىق بەرمەيتتى(13). ئىمام ئىبنى ھەزم يەنە ئۇنى چوڭ گۇناھ قىلغۇچى ھەققىدىكى قارىشى سەۋەبىدىن مۇرجىئەلەردىن سانايدۇ(14).

ئىمام ئىبنى ھەزم بۇ ئىككى مەسىلىدىن باشقا مەسىلىلەردىمۇ ئىمام ئەشئەرىينى تەنقىدلىگەن. لېكىن، شۇنداق بولسىمۇ، ئىمام ئەشئەرىينىڭ كۆپىنچە مۇخالىپلىرى ئىسلام تارىخىنىڭ دولقۇنلىرىدا ئېرىپ تۈگىدى، ئەۋلادمۇئەۋلاد ئۇنىڭ ياردەمچىلىرى كۈچەيدى، ئۇلارنىڭ تەسىرى ئاشتى ۋە ئۇلار ئۇنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ، مۇئتەزىلە ۋە دىنسىزلارغا قارشى تۇرۇش، سۆز مەيدانلىرىنىڭ ھەربىرىدە ۋە ئېتىقاد بابلىرىنىڭ ھەربىرىدە ئۇلار بىلەن ئېلىشىشتىن ئىبارەت ئۇنىڭ ئۆتىگەن رولىنى ئۆتىدى.

تارىخنىڭ ئاۋۋىلىدا داۋاملاشقان بۇ نوپۇز بىلەن بىرگە، گەرچە ئاز بولسىمۇ، ئىسلامنىڭ بۈيۈك كىشىلىرى ئىچىدە ئۇنىڭغا قارشى چىققانلار بولدى. ھەنبەلىيلەردىن ئۇنىڭغا قارشى چىقىدىغانلار مەيدانغا كەلدى. بىز بۇنى سەلەفىيلەر ھەققىدە توختالغىنىمىزدا بايان قىلىمىز.

ئىمام ئەشئەرىيدىن كېيىن ئەشئەرىي مەزھەبى

[213] بايان قىلغىنىمىزدەك، ئىمام ئەشئەرىينىڭ مەزھەبىنىڭ كۆپلىگەن ياردەمچىلىرى بار بولدى. ئىراق ۋە ئۇنىڭ غەربىي تەرەپلىرىدە ئۇنىڭ مەزھەبى «ئەھلىسۈننەت ۋە جامائەت مەزھەبى» دەپ ئېتىبارغا ئېلىندى. ئىمام ئەشئەرىي خۇلاسىلىگەن قاراشلارنى كۈچلەندۈرگەن قالتىس كىشىلەر مەيدانغا كەلدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ھەقىقەتەن ئىمام ئەشئەرىينىڭ قاراشلىرى ئۈچۈن مۇتەئەسسىبلىك قىلدى، پەقەت ئۇ يەتكەن نەتىجىلەردىلا ئەمەس، بەلكى ئىمام ئەشئەرىي كەلتۈرگەن مۇقەددىمەلەردىمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇتەئەسسىبلىك قىلدى، مۇقەددىمە ۋە نەتىجە ئىككىلىسىدە ئۇنىڭغا ئەگىشىشنى ۋاجىب دەپ قارىدى. (ئىمام ئەشئەرىي خۇلاسىلىگەن قاراشلارنى كۈچلەندۈرگەن) بۇ گۇرۇپپىنىڭ بېشىدا تۇرىدىغانلار:

1.  ئىمام ئەبۇبەكرى باقىللانىي (ھ. 338 – 403/م. 950 – 1013)

[214] ئىمام ئەبۇبەكرى باقىللانىي ئىمام ئەشئەرىينىڭ تەتقىقاتلىرىنى تەھرىرلىگەن ۋە تەۋھىد ئۈچۈن ئەقلىي پاكىتلارنىڭ مۇقەددىمەلىرى ھەققىدە سۆز قىلغان چوڭ ئالىم ئىدى. ئۇ جەۋھەر ۋە ئەرەز ھەققىدە، شۇنداقلا ئەرەزنىڭ ئەرەز بىلەن تۇرمايدىغانلىقى، ئەرەزنىڭ ئىككى ۋاقىت داۋاملاشمايدىغانلىقى ھەققىدە ۋە تېمىغا مۇناسىۋەتلىك باشقا مەسىلىلەر ھەققىدە سۆزلىگەن. ئىشارە قىلغىنىمىزدەك، ئۇ ئىمام ئەشئەرىينىڭ مەزھەبىدە ئىمام ئەشئەرىي يەتكەن نەتىجىلەر بىلەن كۇپايىلەنمەي، ئاشۇ نەتىجىلەرنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، ئىمام ئەشئەرىي كۆرسەتكەن مۇقەددىمەلەردىن باشقىنى قوللىنىشنىڭ جائىز ئەمەسلىكىنى ئېيتقان. ئەمەلىيەتتە، بۇ ئەگىشىش ۋە قوللاشتىكى ئاشقۇنلۇق ئىدى. چۈنكى، ئەقلىي مۇقەددىمەلەرنى كىتاب ۋە سۈننەت ئېلىپ كەلگەن ئەمەس، ئەقىلنىڭ مەيدانى كەڭرىدۇر، ئىشىكلىرى ئوچۇقتۇر، يوللىرى راۋاندۇر، بەلكىم كىشىلەر ئىمام ئەشئەرىي بارمىغان ئەقىل ھۆكۈملىرى، تەجرىبە نەتىجىلىرى ئارقىلىق پەرقلىق دەلىل – پاكىتلارغا يېتىشى مۇمكىن. مادامىكى ئۇ دەلىل – پاكىتلار ئىمام ئەشئەرىي يەتكەن نەتىجىلەرگە ۋە پىكرىي سەمەرىلەرگە خىلاپ كەلمىسىلا، ئۇلارنى تۇتۇشنىڭ ھېچ زەرەرى يوقتۇر.

2.  ئىمام غەززالىي (ھ. 450 – 505/م. 1058 – 1111)

[215] شۇنىڭ ئۈچۈن، باقىللانىيدىن كېيىن غەززالىي كەلدى. ئۇ باقىللانىينىڭ يولىدا ماڭمىدى ۋە باقىللانىي چاقىرغان نەرسىگىمۇ چاقىرمىدى، بەلكى ئۇ مەسىلە دەلىللەشتە باقىللانىيغا قارشى يول تۇتۇشتىن نەتىجىنىڭ باتىل بولۇشى كېلىپ چىقمايدىغانلىقىنى، دىننىڭ ھەممە ئەقىللەرگە خىتاب قىلغانلىقىنى، كىشىلەرنىڭ كىتاب ۋە سۈننەتتە كەلگەن نەرسىگە ئىشىنىشى ۋە ئۇلارنىڭ كىتاب – سۈننەتتە كەلگەن نەرسىگە ئۆزلىرى خاھلىغان دەلىللەر بىلەن ئىقرار بولۇشىنىڭ لازىملىقىنى بايان قىلدى.

ئەمەلىيەتتە، ئىمام غەززالىي ئىمام ئەبۇلھەسەن ئەشئەرىيگە ياكى ئىمام ئەبۇ مەنسۇر ماتۇرىيدىيغا ئەگەشكۈچى ئەمەس ئىدى، بەلكى ئۇ قارىسىغا ئەگىشىش تەرىزىدە نەزەر سالماستىن، ئەركىن ۋە چوڭقۇر نەزەر سالغان، نەتىجىدە ئىككىسى يەتكەن نەتىجىلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە ئۇلارغا مۇۋاپىقلاشقان ۋە ئىككىسى «ئەگىشىش ۋاجىب» دەپ قارىغان بەزى قاراشلاردا ئۇلارغا مۇخالىپ بولغان. شۇ جەھەتتىن، ئىمام ئەشئەرىينىڭ قوللىغۇچىلىرىدىن كۆپ كىشىلەر ئۇنى كۇفۇرلۇق ۋە زىندىقلىق بىلەن قارىلىغان. ئۇنىڭ «فەيسەلۇتتەفرىقە بەينەل ئىسلامى ۋەززەندەقە (فيصل التفرقة بين الإسلام والزندقة)» ناملىق رىسالەسىدە دېگەنلىرىنى ئوقۇپ بېقىڭ! ئۇنىڭدا مۇنداق كەلگەن:

«ئەي كۆيۈمچان قېرىنداش ۋە مۇتەئەسسىب دوست! دىن مۇئامىلىلىرىنىڭ سىرلىرى ھەققىدە تۈزۈلگەن بەزى كىتابلىرىمىزغا بىر توپ ھەسەتخورلارنىڭ تىل تەگكۈزۈپ، ئۇ كىتابلىرىمىزدا ئىلگىرىكى پېشۋالارنىڭ ۋە مۇتەكەللىم ماشايىخلارنىڭ مەزھەبىگە خىلاپ نەرسىلەر بارلىقى، ئەشئەرىينىڭ مەزھەبىدىن قىلچىلىك چەتنەشنى كۇفۇرلۇق، كىچىككىنە بىرنەرسىدە ئۇنىڭغا خىلاپ كېلىشنى ئازغۇنلۇق ۋە زىيانكارلىق دەپ دەۋا قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، كۆڭلۈڭنىڭ ئاچچىققا تولغانلىقىنى ۋە كاللاڭنىڭ چېچىلغانلىقىنى كۆردۈم. ئەي كۆيۈمچان مۇتەئەسسىب قېرىنداش! ئۆزۈڭنى بېسىۋال، ئۇنىڭغا ئىچىڭ سىقىلمىسۇن، ئاچچىقىڭغا ھاي بەر، ئۇلارنىڭ دېگەنلىرىگە سەۋر قىل، ئۇلارنى گۈزەلچە تەرك ئەت، ھەسەت قىلىنمايدىغان ۋە تۆھمەت قىلىنمايدىغان ئادەمنى ھەقىر كۆر، كۇفۇرلۇق ياكى ئازغۇنلۇق بىلەن قارىلانمايدىغان ئادەمنى كىچىك كۆر. پەيغەمبەرلەرنىڭ سەرۋەرىدىنمۇ كامىلراق ۋە ئاقىلراق قايسى دەۋەتچى بار؟ ھالبۇكى ئۇنى ئۇلار: ‹ساراڭ› دېدى. ئالەملەرنىڭ رەببىنىڭ سۆزىدىنمۇ ئۇلۇغراق ۋە راستراق قايسى سۆز بار؟ ھالبۇكى ئۇنى ئۇلار: ‹ئاۋۋالقىلارنىڭ ئەپسانىلىرى› دېدى. ئۆزۈڭگە ۋە ھەمراھىڭغا خىتاب قىل، ھەمراھىڭدىن كۇفۇرلۇقنىڭ تەبىرىنى سورا، ئەگەر ئۇ كۇفۇرلۇقنىڭ تەبىرى — ئەشئەرىي مەزھەبىگە ياكى مۇئتەزىلە مەزھەبىگە، ياكى ھەنبەلىي مەزھەبىگە، ياكى ئۇندىن باشقىغا خىلاپ كېلىش، دەپ دەۋا قىلسا، بىلگىنكى، ئۇ تەقلىدچىلىك چۈشەپ قويغان دۆت بىر ئەخمەق ئىكەن، بىر كور ئىكەن، ئۇنى ئوڭشايمەن دەپ ۋاقىتنى زايە قىلما، ئۇنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلاش ئۈچۈن ئۇنىڭ دەۋاسىنى رەقىبلىرىنىڭ دەۋاسىغا سېلىشتۇرساڭ كۇپايە، شۇ چاغدا ئۇ ئۆزى بىلەن ئۆزىنىڭ مۇخالىپلىرى ئارىسىدا بىر پەرقنى تاپالمايدۇ. سېنىڭ ھەمراھىڭ بارلىق مەزھەبلەر ئارىسىدىن ئەشئەرىي مەزھەبىگە مايىل بولۇشى ۋە چوڭ – كىچىك ھەرقانداق بىر ئىشتا ئەشئەرىي مەزھەبىگە خىلاپلىق قىلىشنى ئوچۇق كۇفۇرلۇق دەپ دەۋا قىلىشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن سورا، ھەق ئەشئەرىي مەزھەبىگىلا تەئەللۇقمۇ؟ ئۇ نەدىن بىلىدىكەن؟ ئەشئەرىي مەزھەبىگە خىلاپلىق قىلىش كۇفۇرلۇق بولىدىغان بولسا، باقىللانىيغىمۇ كافىر دەپ ھۆكۈم قىلسۇن. چۈنكى، ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ باقىيلىق سۈپىتىدە ئەشئەرىي مەزھەبىگە خىلاپلىق قىلغان ۋە ‹باقىيلىق ئاللاھ تائالانىڭ زاتتىن زىيادە سۈپىتى ئەمەس› دەپ دەۋا قىلغان. نېمە ئۈچۈن باقىللانىي خىلاپلىق قىلىشى بىلەن كۇفۇرلۇققا ئەشئەرىيدىن بەكرەك لايىق بولۇپ قالدى؟ نېمە ئۈچۈن ھەق ئۇ ئىككىسىنىڭ بىرىگىلا تەئەللۇق بولۇپ قالدى؟ ئەگەر بۇ تەئەللۇقلۇق بۇرۇن ياشىغانلىق سەۋەبىدىن بولسا، مۇئتەزىلەلەر ئەشئەرىيدىن بۇرۇن ياشىغان. ئەمىسە، ئەشئەرىيدىن بۇرۇن ياشىغىنى ھەق بولسۇن! ياكى بۇ تەئەللۇقلۇق پەزىلەت ۋە ئىلىمدە پەرقلەنگەنلىك سەۋەبىدىن بولسا، پەزىلەتنىڭ دەرىجىلىرى قايسى تارازا بىلەن، قايسى ئۆلچەم بىلەن ئۆلچەندىكى، ئۇنىڭغا بۇ مەۋجۇدىيەتتە ئۆزىنىڭ ئەگەشكەن ۋە تەقلىد قىلغان ئادىمىدىنمۇ ئەۋزەل بىرىنىڭ يوقلۇقى ئايان بولغۇدەك. ئەگەر ئۇ باقىللانىينىڭ ئەشئەرىيگە خىلاپلىق قىلىشىغا رۇخسەت قىلسا، نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭدىن باشقىنى چەكلەيدۇ؟ بۇ رۇخسەتنى باقىللانىيغا خاس قىلىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟ ئەگەر ئۇ خۇددى بەزى مۇتەئەسسىبلەر ئاتايىن زورۇقۇپ، يەڭگىلتەكلىك بىلەن: ‹ئەشئەرىي بىلەن باقىللانىي ئاللاھنىڭ مەۋجۇدلۇقىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىدا مۇۋاپىقلىشىقلىق، ئىختىلاپ بۇنىڭ زاتقا ئائىت ئىكەنلىكى ياكى زاتتىن زىيادە بىر سۈپەتكە ئائىت ئىكەنلىكى ھەققىدىدۇر، بۇ ئىختىلاپ بىر – بىرىگە يېقىن ئىختىلاپ بولۇپ، ئەيىبلەپ كەتكۈدەك ئەمەس› دەپ دەۋا قىلغاندەك، باقىللانىينىڭ ئىختىلاپى بىر لەفزگە بېرىپ تاقىلىدۇ، ئۇ لەفزنىڭ ئارقىسىدىكى مەنە تۈپەيلى ئەمەس، دەپ دەۋا قىلسا، ئەمىسە، نېمىشقا ئۇ مۇئتەزىلەلەرنىڭ ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىنى ئىنكار قىلىشىنى ئەيىبلەيدۇ؟ باقىللانىي ئاللاھنىڭ جىمى مەلۇماتنى بىلگۈچى، جىمى مۇمكىناتقا قادىر ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ، پەقەتلا ئاللاھنىڭ زات بىلەن ياكى زاتتىن زىيادە بىر سۈپەت بىلەن بىلگۈچى ۋە قادىر ئىكەنلىكىدە ئەشئەرىيگە خىلاپلىق قىلىدۇ. ئەمىسە، ئىككى ئىختىلاپ ئوتتۇرىسىدا نېمە پەرق بار؟»(15)

بۇ رىسالەدىن ئىمام غەززالىينىڭ ئەقىدە مەسىلىلىرىگە تەقلىدتىن خالىي ئوبيېكتىپ قارىغانلىقى، گەرچە ئۇ ئىمام ئەشئەرىي بارغان قاراشلارغا يېقىنراق بارغان بولسىمۇ، ھېچبىر ئىمامغا تەقلىد قىلمىغانلىقى، ئەقىدە مەسلىلىرىدە تۇراقلاشقان مەزھەبلەرنىڭ ھېچبىرىگە ئەگەشمىگەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز.

[216] ئىمام غەززالىيدىن كېيىن ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئىماملار كېلىپ، ئىمام ئەشئەرىينىڭ نەتىجىلىرىدە ئۇنىڭ مەزھەبىنى قوبۇل قىلدى ۋە ئۇنىڭ دەلىللىرىنى ئارتتۇردى. شۇڭا، ئۇلار مۇقەددىمەلەرگە باغلىنىشقا چاقىرماستىن، پەقەت ئۆزلىرىنى نەتىجىلەرگە باغلىدى.

مۇشۇلاردىن بىرى ئىمام بەيزاۋىي (ۋاپاتى ھ. 701). ئۇ ئۇستا مۇنازىرىچى، ئىبادەتگۇي ئىمام، ئىنچىكە فەقىھ ئىدى. ئۇنىڭ ئەقىدە ئىلمىدە «ئەتتەۋاﻟﯩﺌ (الطوالع)» دەپ كىتابى بار.

مۇشۇلاردىن يەنە بىرى سەييىد شەرىف جۇرجانىي (ۋاپاتى ھ. 816). ئۇ ئەقلىي ئىلىملەرگە پىششىق ھەنەفىي فەقىھ ئىدى. ئۇ كىشىلەر مەنپەئەتلەنگەن نۇرغۇن كىتابلارنى يازغان.

بۇلاردىن كېيىنمۇ ۋە ئىلگىرىمۇ ئەقىل ۋە نەقىلنى پىششىق ئىگىلىگەن كاتتا ئالىملار ۋە مىسلىسىز ئىماملار ئۆتكەن. ئۇلارنىڭ دەلىللىرى ھەمدە مۇئتەزىلە ۋە ئۇلاردىن باشقىلارغا بەرگەن رەددىيەلىرى توپلانغان. ھازىرغىچە ئوقۇلۇپ كېلىنىۋاتقان ئىلمى كالام ئەنە شۇلارنىڭ خاتىرىسىدۇر.

ئەشئەرىي بىلەن جۇببائىي ئوتتۇرىسىدىكى مۇنازىرە

[217] ئەشئەرىيلەر ھەققىدىكى گېپىمىزنى ئىمام ئەبۇلھەسەن ئەشئەرىي بىلەن ئۇستازى ئەبۇ ئەلى جۇببائىي ئەلمۇئتەزىلىي ئوتتۇرىسىدا بولغان تەسىرلىك بىر مۇنازىرە بىلەن تۈگىتەيلى! مۇنازىرىنىڭ تېمىسى «بەندىلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشى، ئەڭ مەنپەئەتلىك بولغان ئىشنىڭ ئاللاھنىڭ ئۈستىگە ۋاجىب ئىكەنلىكى» ھەققىدە ئىدى:

«ئىمام ئەبۇلھەسەن ئەشئەرىي ئېيتتى: — مۇئمىن، كافىر ۋە سەبىيدىن ئىبارەت ئۈچ كىشى ھەققىدە نېمە دەيسەن؟

جۇببائىي ئېيتتى: — مۇئمىن (جەننەتتىكى) يۇقىرى دەرىجىلەرنىڭ ئەھلىدىندۇر، كافىر (دوزاختىكى) پەس دەرىجىلەرنىڭ ئەھلىدىندۇر، سەبىي نىجات ئەھلىدىندۇر.

ئىمام ئەبۇلھەسەن ئەشئەرىي ئېيتتى: — ئەگەر سەبىي (سەبىي ھالدا ئۆلگىنىدىن كېيىن) يۇقىرى دەرىجە ئەھلىنىڭ قاتارىغا ئۆرلەشنى ئىستىسە، ئۆرلىيەلەمدۇ؟

جۇببائىي ئېيتتى: — ياق! بەلكى ئۇنىڭغا: ‹مۇئمىن بۇ دەرىجىگە تائەت بىلەن ئېرىشتى، سېنىڭ ئۇنداق تائىتىڭ يوق› دېيىلىدۇ.

ئىمام ئەبۇلھەسەن ئېيتتى: — ئەگەر سەبىي: ‹مەندە كەمچىلىك يوق، ئەگەر سەن مېنى ياشاتقان بولساڭ، مەنمۇ مۇئمىندەك تائەتلەرنى قىلغان بولاتتىم› دېسىچۇ؟

جۇببائىي ئېيتتى: — ئۇ چاغدا ئاللاھ دەيدۇ: ‹مەن سېنىڭ ئۆلمەي قالغان بولساڭ چوقۇم ئاسىيلىق قىلىدىغانلىقىڭنى، ئاندىن جازالىنىدىغانلىقىڭنى بىلەتتىم، سېنىڭ مەنپەئەتىڭنى كۆزدە تۇتۇپ، سېنى تەكلىپ يېشىڭغا يېتىشتىن بۇرۇن قەبز روھ قىلدىم›.

ئىمام ئەبۇلھەسەن ئېيتتى: — ئەگەر كافىر: ‹سەن سەبىينىڭ ھالىنى بىلگىنىڭدەك مېنىڭمۇ ھالىمنى بىلەتتىڭ، نېمىشقا ئۇنىڭغا ئوخشاش مېنىڭمۇ مەنپەئەتىمنى كۆزدە تۇتمىدىڭ؟ (نېمىشقا مېنىمۇ بالدۇرلا قەبز روھ قىلمىدىڭ؟)› دېسىچۇ؟

شۇنىڭ بىلەن، جۇببائىي ھېچقانداق جاۋاب تاپالماي جىمىپ قالدى.

 

ئىسلام مەزھەبلىرى تارىخى/ تاريخ المذاهب الإسلامية؛ ئىمام مۇھەممەد ئەبۇ زەھرە؛ مۇھەممەد قاۋۇل قاراخانىي تەرجىمىسى؛ ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى

———————————————————————————————————————————————————-
1. بۇخارىي (6560)؛ ئەھمەد (11550). ئۇزۇن ھەدىسنىڭ قىسقارتىلغان بىر قىسمى. ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەتى.
2. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (7494)؛ مۇسلىم (758). ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەتى.
3. ئەبۇلھەسەن ئەشئەرىي: «ئەلئىبانە ئەن ئۇسۇلىددىيانە (الإبانة عن أصول الديانة)»، 14 – 21 – بەت، دارۇلئەنسار، قاهىرە، ھ. 1397.
4. ئىمام ئەشئەرىينىڭ نەزەرىدىكى «ئىستىۋاﺋ»نىڭ مەنىسى «ماتۇرىيدىيلار» ھەققىدىكى باياندا («سۈپەتلەر» نامىدىكى 233 – ئابزاستا) شەرھلىنىدۇ.
5. بۇ ھەقتە بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس بار، بۇخارىي (806)؛ مۇسلىم (182). ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەتى.
6. بۇ يەردىكى مەقسىتى، ئەمەلنىڭ ئىمان ئۈچۈن مۇھىملىقىنى تەكىتلەش. ئىمام ئەشئەرىينىڭ بىرنەچچە قۇر ئالدىدىكى سۆزىدىن ئايان بولغىنىدەك ۋە مۇئەللىف رەھىمەھۇللاھ 235 – ئابزاستا چۈشەندۈرگىنىدەك، ئىمام ئەشئەرىي ۋە ئەشئەرىيلەر ئەمەل بولمىسا ئىمان بولمايدىغان دەرىجىدە ئەمەلنى ئىماننىڭ بىر پارچىسى دەپ سانىمايدۇ، شۇڭلاشقا گۇناھ ئۆتكۈزگۈچىنى ئىمان دائىرىسىدىن چىقىرىۋەتمەيدۇ.
7. ئەبۇلھەسەن ئەشئەرىي: «ئەلئىبانە ئەن ئۇسۇلىددىيانە»، 21 – 34 – بەت.
8. كارامەت (الكَرَامَةُ، الكَرَامَاتُ): ئەرەبچىدە «ئىززەتلەش، ھۆرمەتلەش، مەردلىك ۋە قولى ئوچۇقلۇق» دېگەن مەنىلەردە بولۇپ، ئەقىدە ئىلمى ئىستىلاھىدا: «ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرگە ئەگىشىشنى چىڭ تۇتقان، ساغلام ئېتىقادلىق، سالىھلىقى ئوچۇق – ئاشكارا تەقۋادار بىر بەندىنىڭ قولىدا زاھىر قىلىدىغان ئادەتتىن تاشقىرى ئىش»تۇر. مەيلى ئۇ بەندە (كىشىلەرگە) كارامەت بىلەن تونۇلسۇن ياكى تونۇلمىسۇن ئوخشاش بولۇپ، كارامەت ئۇ بەندىنى ياكى ھەقنى قوغداش ياكى ئۇ بەندىگە پايدا يەتكۈزۈش ۋەياكى ئۇنىڭدىن زىياننى دەﻓﺌ قىلىش ئۈچۈن ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنىڭغا قىلغان ئىززەت – ئىكرامىدۇر. ئەھلىسۈننەت ئېتىقادىدا كارامەت مۇمكىن ۋە يۈز بەرگەن ئىش بولۇپ، «قۇرئان»دا بايان قىلىنغان ئەسھابۇلكەھف، ھەزرىتى مەريەملەر باشتىن كەچۈرگەن ئىشلارمۇ كارامەت جۈملىسىدىندۇر. كارامەت بىلەن مۇئجىزە پەرقلىق بولۇپ، كارامەت پەيغەمبەرلەرنىڭ مۇئجىزىلىرىدىن تۆۋەن تۇرىدۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن كافىرلارغا رىقابەت ئېلان قىلىنمايدۇ. قاراڭ: جۇرجانىي: «ئەتتەئرىفات»، 235 – بەت؛ باجۇرىي، ئىبراھىم ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئەھمەد: «تۇھفەتۇلمۇرىد (تحفة المريد على جوهرة التوحيد)»، 321 – بەت، نەشرگە تەييارلىغۇچى: ئەھمەد مۇھەممەد خەتىب، دارۇ تەھقىقىل كىتاب نەشرىياتى، ئىستانبۇل، م. 2018؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 1186 – بەت؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ»، 1319 – بەت.

9. ھەشۋىييەلەر (الحَشْوِيَّةُ): ئەرەبچىدە: «‹بىرنەرسىنىڭ ئىچىنى تولدۇرىدىغان قىممەتسىز نەرسە، خەشەك؛ ساياق، تايىنى يوق ئاۋام› دېگەن مەنىدىكى ھەشا (الحَشَا) ياكى ھەشۋ (الحَشْو) كەلىمەسىگە نىسبەت بېرىلگەن ئاتالغۇ» بولۇپ، ئەقىدە ئىلمى ئىستىلاھىدا: «(بۇ ئاتالغۇ مۇئەييەن بىر پىرقەنىڭ نامى بولماستىن) خىلمۇخىل مەزھەب ۋە پىرقەلەردە تېپىلىدىغان نەسلەرگە قارىغۇلارچە ئېسىلىۋېلىش، يۈزەكى چۈشىنىش، ئەقىلنى پۈتۈنلەي چەتكە قېقىش ۋە توقۇلما ھەدىسلەرنى تەكشۈرمەستىن قوبۇل قىلىش قاتارلىق ئورتاقلىققا ئىگە بىر خىل ئومۇمىي يۆنىلىش، ئېقىم ۋە بىر خىل تەپەككۇر مېتودى»دىن ئىبارەت. شۇڭا بۇ، دىنىي ئەقىدىنى ئىسپاتلاشتا ئەقىل بىلەن نەقىلگە بىرلىكتە تايىنىدىغان قۇرئانىي مېتودتىن چەتنىگەن يۆنىلىشتۇر. ئادەتتە بۇ ئاتالغۇ ھەربىر پىرقە باشقا پىرقەلەرنى قارىلايدىغان بىر تىل – ھاقارەتكە ئايلانغان. قاراڭ: «ئەرەب تىلى كومىتېتى»: «ئەلمۇئجەمۇل ۋەسىت»، 1/177؛ قازى ئەھمەدنەگەرىي: «دەستۇرۇل ئۆلەماﺋ»، 2/26؛ دوكتور ھەسەن مۇھەممەد شافىئىي: «الْمَدْخَلُ إِلَى دِرَاسَةِ عِلْمِ الْكَلَامِ (ئەلمەدخەلۇ ئىلە دىراسەتى ئىلمىل كالام)»، 75 – بەت، ۋەھبە كۇتۇبخانىسى، قاھىرە، م. 1991؛ دوكتور ئەھمەد قوشتى ئابدۇررەھىم: «الْاِتِّجَاهَاتُ الحَشويَّةُ في الفِكْرِ الإسْلاميِّ (ئىسلام فىكرىدىكى ھەشۋىييەلىك يۆنىلىشلىرى)»، 5، 6 – بەتلەر، دارۇل فەزىلە، قاھىرە، م. 2016.

10. كەسپنىڭ شەرھىسى كېيىنكى بەتتە كېلىدۇ.
11. ئىبنى ئەساكىر: «تەبيىينۇ كىزبىل مۇفتەرىي (تَبْيِينُ كَذِبِ الْمُفْتَرِي فِيمَا نُسِبَ إلَى الْإِمَامِ أَبِي الْحَسَنِ الْأَشْعَرِيِّ)»، 149 – بەت، دارۇل كىتابىل ئەرەبىي، بېيرۇت، ھ. 1404.
12. ئىبنى ئەساكىر: يۇقىرىقى مەنبە، 150 – بەت.
13. ئىبنى ھەزم: «ئەلفەسلۇ فىلمىلەل»، 3/32.
14. ئىبنى ھەزم: يۇقىرىقى مەنبە، 4/204.
15. ئەبۇ ھامىد غەززالىي: «فەيسەلۇتتەفرىقە بەينەل ئىسلامى ۋەززەندەقە»، 13 – 21 – بەت، دارۇلبىرۇتىي، ئىستانبۇل، م. 1993.

Please follow and like us: