ئېتىقادىي مەزھەبلەر (4) مۇئتەزىلەلەر

ئېتىقادىي مەزھەبلەر (4) مۇئتەزىلەلەر

[158] بۇ پىرقە ئۇمەۋىيلەر دەۋرىدە پەيدا بولغان. لېكىن، بۇ پىرقە (ئۆزىنىڭ كۆزقاراشلىرى، مۇنازىرىلىرى بىلەن) ئابباسىيلار دەۋرىدە ئۇزاق زامان ئىسلام ئىدېئولوگىيەسىنى مەشغۇل قىلغان.

ئالىملار بۇ پىرقەنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىش ۋاقتى توغرىسىدا ئوخشىمىغان قاراشتا بولغان. ئالىملارنىڭ بەزىلىرى «ئۇ پىرقە ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بىر تۈركۈم ئەگەشكۈچىلىرى ئىچىدە باشلانغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ھەسەن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خەلىفەلىكنى مۇئاۋىيە ئىبنى ئەبۇ سۇفيان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇماغا ئۆتۈنۈپ بەرگەن چاغدا، ئۇلار سىياسەتتىن يىراقلىشىپ، ئەقىدىگە بېرىلگەن» دەپ قارايدۇ. بۇ ھەقتە ئەبۇلھۈسەين تەرائىفىي كىتابى «ئەھلۇل ئەھۋائى ۋەلبىدەئى (أَهْلُ الْأَهْوَاءِ وَالْبِدَعِ)»دە دەيدۇكى: «ئۇلار ئۆزلىرىنى مۇئتەزىلە (ئايرىلغۇچى) دەپ ئاتىغان. چۈنكى، ھەسەن ئىبنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا بەيئەت قىلىپ، ھوقۇقنى ئۇنىڭغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن چاغدا، ئۇلار ھەسەن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىنمۇ، مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىنمۇ ۋە پۈتۈن كىشىلەردىن ئايرىلىپ، ئۆيلىرى ۋە مەسجىدلىرىنى لازىم تۇتقان، ‹بىز ئىلىم ۋە ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولىمىز› دېگەن».

كۆپىنچە ئالىملار مۇئتەزىلەلەرنىڭ بېشى ۋاسىل ئىبنى ئەتائدۇر دېگەن قاراشتا. ۋاسىل ھەسەن بەسرىينىڭ ئىلىم مەجلىسىگە كېلىپ تۇرىدىغانلاردىن ئىدى. شۇ دەۋردە زېھىنلەرنى چاچقان ئەنە شۇ مەسىلە يەنى چوڭ گۇناھ قىلغۇچىنىڭ مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىقتى. ۋاسىل ھەسەنگە خىلاپ ھالدا: «مەن دەيمەنكى، چوڭ گۇناھ قىلغۇچى مۇتلەق ھالدا مۇئمىنمۇ ئەمەس، مۇتلەق ھالدا كافىرمۇ ئەمەس، بەلكى ئۇ ئىككى دەرىجە ئارىسىدىكى بىر دەرىجىدە (يەنى مۇئمىن بىلەن كافىر ئارىسىدا)» دېدى، ئاندىن ھەسەننىڭ مەجلىسىدىن ئايرىلىپ، مەسجىدتە ئۆزىگە يەنە بىر مەجلىس قۇردى.

مۇئتەزىلەلەر ئۆزلىرىنىڭ كىتابلىرىدا ئۆزلىرىنىڭ مەزھەبىنى ۋاسىلدىن بۇرۇنراق پەيدا بولغان دەپ قارايدۇ ۋە ئەھلى بەيتنىڭ كۆپلىگەن ئەزالىرىنى ئۆزلىرىنىڭ مەزھەبىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىدىن سانايدۇ. ئۇلار ھەسەن بەسرىينىمۇ ئۆزلىرىنىڭ مەزھەبىدىن سانايدۇ. چۈنكى، ھەسەن بەسرىي ئىنساننىڭ پېئىللىرى ھەققىدە قەدەرىيلەردەك قاراشتا ئىدى، ھالبۇكى ئۇ گەپ مۇئتەزىلەلەرنىڭمۇ گېپىدۇر، ئۇنى تۆۋەندە بايان قىلىمىز. ھەسەن بەسرىي يەنە چوڭ گۇناھ قىلغۇچى ھەققىدىمۇ مۇئتەزىلەلەرنىڭ گېپىگە يېقىن كېلىدىغان، ئۇنىڭغا زىت كەلمەيدىغان بىر گەپنى دەيتتى. چۈنكى، ئۇ چوڭ گۇناھ قىلغۇچىنى مۇناپىق دەيتتى. بۇنىڭ بىلەن ئۇ مۇئتەزىلەلەردىن ئانچە يىراقلىشىپ كەتمەيتتى. چۈنكى، مۇناپىقمۇ دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ ۋە ئىمان ئەھلىدىن سانالمايدۇ.

مۇرتەزا «ئەلمۇنيەتۇ ۋەلئەمەل (المنية والأمل)» ناملىق كىتابىدا ئۇلارنىڭ قاتلاملىرىنى بىرمۇبىر تىلغا ئالغان.

بىزنىڭ قارىشىمىزچە، مەزھەب ۋاسىلدىن بۇرۇنراق مەۋجۇد بولغان؛ ۋاسىلنىڭ دوستى بولغان زەيد ئىبنى ئەلىدەك ئەھلى بەيتنىڭ كۆپ ئەزالىرى ۋاسىلنىڭ يولىغا ئوخشاش يول تۇتقان. ۋاسىل ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن دەۋەتچىلەردىن بولغاچقا، كۆپىنچىلەر ئۇنى مەزھەبنىڭ بېشى دەپ قارىغان.

[159] نېمە ئۈچۈن بۇ تائىپىگە بۇ ئىسىم قوللىنىلغان؟

بۇنىڭ جاۋابى شۇكى، «بۇ تائىپە ۋاسىل ھەسەن بەسرىينىڭ مەجلىسىدىن ئايرىلغان چاغدا پەيدا بولغان» دېگەنلەرنىڭ نەزەرىدە، بۇ ئىسىم ئۇلارنىڭ پەيدا بولۇش ۋەقەلىكىدىن كېلىپ چىققان.

بەزى شەرقشۇناسلار: «ئۇلار مۇئتەزىلە (يەنى ئايرىلغۇچى) دەپ ئاتالغان. چۈنكى، ئۇلار بۇ ھاياتنىڭ لەززەتلىرىدىن يۈزىنى ئۆرۈگەن، قاتتىق – قۇرۇق، تەقۋادار ئادەملەر ئىدى. مۇئتەزىلە دېگەن كەلىمەمۇ ئۇ كەلىمە بىلەن سۈپەتلەنگەنلەرنىڭ تەركىدۇنيا كىشىلەر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ» دېگەن. ئەمەلىيەتتە، بۇ پىرقەگە مەنسۇپ ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئۇلار سۈپەتلىگەندەك ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ئىچىدە تەقۋادارلارمۇ بار، گۇناھكارلارمۇ بار، سالىھلەرمۇ، فاجىرلارمۇ بار.

مەرھۇم دوكتور ئەھمەد ئەمىن «فەجرۇل ئىسلام (فجر الإسلام)» ناملىق كىتابىدا ئېيتقانكى: «ئۇلارنىڭ مۇئتەزىلە دەپ ئاتىلىشى ھەققىدە يەنە بىر پەرەزىمىز بار، ‹ئەلمەۋائىزۇ ۋەلئىئتىبار›دا ئوقۇغان مۇنۇ مەزمۇن بىزنى شۇ پەرەزگە تارتتى: ‹ئاشۇ دەۋردە ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرى تارقالغان يەھۇدىي پىرقەلىرى ئارىسىدا فېروشىم دېيىلىدىغان بىر پىرقە بار ئىدى، ئۇ گەپنىڭ مەنىسى مۇئتەزىلە (يەنى ئايرىلغۇچى) دۇر›. بەزى تارىخچىلار بۇ پىرقەنىڭ قەدەر ھەققىدە گەپ قىلىدىغانلىقى ۋە جىمى پېئىللارنى ئاللاھ ياراتقان ئەمەس دەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان. دېمەك، بۇ نامنى يەھۇدىيلەردىن مۇسۇلمان بولغانلار ئىككى پىرقە ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشاشلىقنى كۆرۈپ، مۇئتەزىلەلەرگە قوللانغان بولۇشى يىراق ئەمەس»(1).

«يەھۇدىي مۇئتەزىلىلىرى» بىلەن «ئىسلام مۇئتەزىلىلىرى» ئوتتۇرىسىدا ئوخشاشلىق چوڭدۇر. يەھۇدىيلەرنىڭ مۇئتەزىلىلىرى «تەۋرات»نى پەيلاسوپلارنىڭ مەنتىقىسى بويىچە تەفسىرلەيدۇ، (مۇسۇلمان) مۇئتەزىلەلەرمۇ «قۇرئان»دىكى بارلىق سۈپەتلەرنى پەيلاسوپلارنىڭ مەنتىقى بويىچە تەفسىرلەيدۇ. مەقرىزىي «مۇئتەزىلەلەر» دەپ ئاتىغان فېروشىم ھەققىدە: «ئۇلار تەۋراتتىكى تېكىستلەرنى ئۆزلىرىدىن ئىلگىرىكى ھۆكۈمالار ئىزاھلىغان مەنە بويىچە قوبۇل قىلىدۇ» دېگەن(2).

مۇئتەزىلە مەزھەبى

[160] (مۇئتەزىلەلەرنىڭ شەيخى) ئەبۇلھۇسەين ئەلخەييات «ئەلئىنتىسار (الانتصار)» ناملىق كىتابىدا ئېيتقانكى: «ھېچكىم بەش ئاساسنى ئۆزىگە ئۆزلەشتۈرمىگۈچە، مۇئتەزىلىلىك نامىغا لايىقلىشالمايدۇ. بەش ئاساس: تەۋھىد، ئادالەت، ۋەئد ۋە ۋەئىد، ئىككى دەرىجە ئارىسىدىكى بىر دەرىجە ۋە ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇش قاتارلىقلاردۇر. كىشى مۇشۇ ئاساسلارنى ئۆزلەشتۈرسە، ئاندىن مۇئتەزىلە بولىدۇ»(3).

مانا مۇشۇلار مۇئتەزىلە مەزھەبىنى جەملىگەن ئاساسلاردۇر. دېمەك، ئەنە شۇ يولدىن قېيىپ، باشقا يولغا كىرگەن ھەرقانداق كىشى ئۇلاردىن ئەمەس، ئۇلار ئۇنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ، ئۇنىڭ گېپىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئۇلارغا ئارتىلمايدۇ. بىز بۇ ئاساسلارنىڭ ھەربىرى ھەققىدە قىسقىچە توختىلايلى!

مۇئتەزىلە مەزھەبىنىڭ بەش ئاساسى

1. تەۋھىد

[161] تەۋھىد بولسا ئۇلارنىڭ مەزھەبىنىڭ جەۋھىرى ۋە ئاساسىدۇر. ئەشئەرىي «ماقالاتۇل ئىسلامىييىن (مَقَالَاتِ الْإِسْلَامِيِّينَ)» ناملىق كىتابىدا ئۇلارنىڭ تەۋھىد ھەققىدىكى قارىشىنى سۈرەتلەپ ئېيتقانكى:

«مۇئتەزىلەلەر شۇنىڭغا بىرلىككە كەلگەنكى، ئاللاھ يەككە – يېگانىدۇر، ھېچنەرسە ئۇنىڭغا ئوخشاش ئەمەس. ئۇ ئاڭلىغۇچى ۋە كۆرگۈچىدۇر. ئۇ جىسىم ئەمەس، كۆلەڭگە ئەمەس، بەدەن ئەمەس، سۈرەت ئەمەس؛ گۆش ۋە قانمۇ ئەمەس، شەخس(4) ئەمەس، جەۋھەر ۋە ئەرەز(5) مۇ ئەمەس؛ رەڭلىكمۇ، تەملىكمۇ، پۇراقلىقمۇ ئەمەس، قول بىلەن تۇتقىلى بولىدىغان نەرسىمۇ ئەمەس؛ قىزىقمۇ، سوغۇقمۇ، نەم ۋە قۇرۇقمۇ ئەمەس؛ ئۇزۇنمۇ، كەڭمۇ ۋە چوڭقۇرمۇ ئەمەس؛ يىغىندى ۋە تارقاقمۇ ئەمەس، ھەرىكەت قىلغۇچى ۋە جىم تۇرغۇچى ئەمەس؛ ئۇ بۆلۈنمەيدۇ، پارچىلاردىن ۋە ئەزالاردىن تۈزۈلگەنمۇ ئەمەس؛ تەرەپلىرى يوق، ئوڭىمۇ ۋە سولىمۇ يوق، ئالدى ۋە كەينىمۇ يوق، ئۈستى ۋە ئاستىمۇ يوق؛ ھېچبىر ماكان ئۇنى قورشىيالمايدۇ، ئۇنىڭغا زامان جارى بولمايدۇ؛ تېگىشىش، ئايرىلىش، ماكانلارغا چۈشۈش ئۇنىڭغا جائىز بولمايدۇ؛ ئۇ ھادىسلىككە دالالەت قىلىدىغان مەخلۇقات سۈپەتلىرىدىن ھېچبىرى بىلەن سۈپەتلەنمەيدۇ، چېكى بار دەپ سۈپەتلەنمەيدۇ، كۆلەم بىلەن ۋە مەلۇم تەرەپلەرگە بېرىش بىلەن سۈپەتلەنمەيدۇ؛ ئۇ چەكلىك ئەمەس، تۇغقانمۇ ئەمەس، تۇغۇلغانمۇ ئەمەس؛ ئۇنى قەدەرلەر قورشىيالمايدۇ، پەردىلەر يۆگىيەلمەيدۇ، ئۇنى سەزگۈلەر ئىدراك قىلالمايدۇ؛ ئۇ ئىنسانلارغا قىياس قىلىنمايدۇ، ھېچبىر جەھەتتە مەخلۇقاتقا ئوخشىمايدۇ؛ ئۇنىڭغا ۋاقىتلار جارى بولمايدۇ، ئۇنىڭغا كېسەل ۋە ئاپەتلەر يەتمەيدۇ، كۆڭۈلدىن كېچىدىغان ۋە خىيال بىلەن تەسۋىرلىنىدىغان ھەرقانداق نەرسە ئۇنىڭغا ئوخشىغۇچى ئەمەس؛ ئۇ ھەمىشە ئەۋۋەل ۋە ئىلگىرىدۇر، ھادىسلاردىن بۇرۇندۇر، مەخلۇقاتتىن ئىلگىرى مەۋجۇدتۇر، ھەمىشە بىلگۈچى، قادىر، تىرىكتۇر ۋە ھەمىشە شۇنداق بولىدۇ؛ كۆزلەر ئۇنى كۆرەلمەيدۇ، تەسەۋۋۇرلار ئۇنى ئىگىلىيەلمەيدۇ، قۇلاقلار ئۇنى ئىشىتەلمەيدۇ، ئۇ شەيئىلەرگە ئوخشىمايدىغان بىر شەيئىدۇر. ئۇ ئالىمدۇر، قادىردۇر ۋە تىرىكتۇر، باشقا ئالىم، قادىر ۋە تىرىكلەرگە ئوخشىمايدۇ؛ ئۇ يالغۇزلا قەدىمدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا قەدىم يوقتۇر؛ ئۇنىڭدىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ مۈلكىدە شېرىكى يوقتۇر، سەلتەنەتىدە ۋەزىرى يوقتۇر، پەيدا قىلغانلىرىنى پەيدا قىلىش ۋە ياراتقانلىرىنى يارىتىشتا ئۇنىڭ ياردەمچىسى يوقتۇر؛ ئۇ مەخلۇقاتنى سابىق بىر ئۆرنەك بىلەن ياراتقان ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈچۈن بىرنەرسىنى يارىتىش يەنە بىرنەرسىنى يارىتىشتىن قولايمۇ ئەمەس، تەسمۇ ئەمەس (يەنى پەرقسىزدۇر، ھەممىسى ئاساندۇر)؛ مەنپەئەت ئېلىش ياكى زەرەر كۆرۈش ئۇنىڭغا جائىز ئەمەستۇر، ئۇنىڭغا خۇشاللىق ۋە ھۇزۇر يەتمەيدۇ، ئۇنىڭغا ئەزىيەت ۋە ئەلەم يەتمەيدۇ، ئۇ مەلۇم چەكتە توختايدىغان چەكلىك ئەمەس، ئۇنىڭغا يوقىلىش جائىز بولمايدۇ، ئۇنىڭغا ئاجىزلىق ۋە كەمتۈكلۈك يەتمەيدۇ؛ ئۇ ئاياللارغا يېقىنلىشىشتىن، خوتۇن ئېلىشتىن، بالا تېپىشتىن پاكتۇر»(6).

[162] ئۇلار قىيامەت كۈنى ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانى كۆرۈشنىڭ مۇھال ئىكەنلىكىنى مۇشۇ ئاساس ئۈستىگە قۇرغان. چۈنكى، ئاللاھنى كۆرۈش جىسىملىقنى ۋە تەرەپنى تەقەززا قىلىدۇ. شۇنىڭدەك ئۇلار سۈپەتلەرنىڭ زاتتىن باشقا بىرنەرسە ئەمەس (بەلكى ئىككىسىنىڭ بىرنەرسە) ئىكەنلىكى نەزەرىيەسىنىمۇ(7) شۇ ئاساس ئۈستىگە قۇرغان. چۈنكى، ئۇنداق بولمىغاندا، ئۇلارنىڭ نەزەرىدە قەدىملەر كۆپىيىپ كېتىدۇ. شۇنىڭدەك ئۇلار يەنە قەدىملەرنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىنى توسۇش ئۈچۈن ھەمدە ئۇلارنىڭ كۆپىنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ كالام سۈپىتىنى ئىنكار قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، «قۇرئان»نىڭ ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئۈچۈن بىر مەخلۇق ئىكەنلىكى نەزەرىيەسىنىمۇ شۇ ئاساس ئۈستىگە قۇرغان.

2. ئادالەت

[163] مەسئۇدىي «مۇرۇجۇززەھەب (مُرُوْجُ الذَّهَبِ)» ناملىق كىتابتا ئادالەتنى ئۇلارنىڭ قارىشى بويىچە بايان قىلىپ ئېيتقانكى: «ئۇ دېگەنلىك ئاللاھ تائالا بۇزۇقچىلىقنى ياقتۇرمايدۇ، ئاللاھ بەندىلەرنىڭ پېئىللىرىنى ياراتمايدۇ، بەلكى بەندىلەر بۇيرۇلغان ۋە چەكلەنگەن ئىشلارنى ئاللاھ ئۇلارغا بەرگەن ۋە ئۇلارغا ئورۇنلاشتۇرغان قۇدرەت بىلەن قىلىدۇ، ئاللاھ پەقەت ئۆزى ئىرادە قىلغان ئىشقا بۇيرۇيدۇ، پەقەت يامان كۆرگەن ئىشتىن توسىدۇ، ئۇ ئۆزى بۇيرۇغان پۈتۈن ياخشىلىقنىڭ ئىگىسىدۇر، ئۆزى توسقان پۈتۈن يامانلىقتىن ئادا – جۇدادۇر(8)، ئاللاھ بەندىلەرنى ئۇلارنىڭ كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمىغان ھەمدە ئۇلار قادىر بولالمايدىغان ئىشنى ئۇلارغا ئىرادە قىلمىغان. ھېچكىم ئاللاھنىڭ ئۇلارغا بەرگەن قۇدرىتىسىز قولىنى يۇمۇشقىمۇ ۋە ئېچىشقىمۇ قادىر بولالمايدۇ، شۇ قۇدرەتنىڭ ئىگىسى يالغۇز ئاللاھتۇر، ئۇ خاھلىغان چاغدا ئۇنى يوق قىلىدۇ. ناۋادا ئاللاھ خاھلىسا ئىدى، مەخلۇقاتنى ئۆزىگە ئىتائەت قىلىشقا مەجبۇرلىغان بولاتتى ۋە ئۇلارنى ئۆزىگە ئاسىي بولۇشتىن مەجبۇرەن توسقان بولاتتى، لېكىن ئۇ ئۇنداق قىلمايدۇ. چۈنكى، ئۇنداق بولغاندا ئىمتىھان كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ، سىناق يوقايدۇ»(9).

ئۇلار بۇ ئاساس ئارقىلىق «بەندە ئۆزىنىڭ پېئىللىرىدا ئىختىيارىي ئەمەس» دېگەن جەبرىيلەرگە رەددىيە بەرگەن ۋە «بەندىنى ئىختىيارلىقى يوق پېئىلى ئۈچۈن ئازابلىسا زۇلۇم بولىدۇ، چۈنكى شەخسنى خىلاپلىق قىلىشقا مەجبۇر بولىدىغان بىر ئىشقا بۇيرۇشنىڭ ۋە شەخسنى قىلىشقا مەجبۇر بولىدىغان بىر ئىشتىن توسۇشنىڭ ھېچبىر مەنىسى يوق» دەپ ھېسابلىغان.

ئۇلار شۇ ئاساسقا بىنائەن، ئىنساننىڭ ئۆزىنىڭ پېئىللىرىنى ياراتقۇچى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭدا ئاللاھ تائالانى ئاجىزلىقتىن پاكلاشنىمۇ نەزەردە تۇتقان. شۇڭا، ئۇلار: «بۇ (يەنى ئىنساننىڭ ئۆزىنىڭ پېئىللىرىنى يارىتىشى) ئاللاھ تائالا ئىنسانغا ئورۇنلاشتۇرغان ۋە ئاللاھ ياراتقان قۇدرەت بىلەن بولىدۇ. ئاللاھ بەرگۈچىدۇر، ئاللاھ بەرگىنىنى تارتىۋېلىشقا تولۇق قۇدرىتى بار، ئاللاھ بەرگەنلىرىنى پەقەت تەكلىپنىڭ تولۇق بولۇشى ئۈچۈن بەردى» دېگەن.

3. ۋەئد ۋە ۋەئىد

[164] ئۇلار «ۋەئد ۋە ۋەئىد چوقۇم جارى بولغۇچىدۇر، ئاللاھنىڭ ساۋاب ۋەدىسىمۇ يۈز بەرگۈچىدۇر ۋە ئازاب ۋەئىدىمۇ يۈز بەرگۈچىدۇر، ئۇنىڭ سەمىمىي تەۋبىنى قوبۇل قىلىش ۋەدىسىمۇ يۈز بەرگۈچىدۇر» دەپ قارايدۇ. دېمەك، ياخشىلىق قىلغان كىشى تولۇق ياخشىلىق بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ، يامانلىق قىلغان كىشى قاتتىق ئازابتىن ئىبارەت يامانلىق بىلەن جازالىنىدۇ، ياخشىلىق قىلغان كىشى ساۋابتىن مەھرۇم قىلىنمىغاندەك، چوڭ گۇناھ تەۋبىسىز ئەپۇ قىلىنمايدۇ. بۇنىڭدا «كۇفۇر بار ھالدا تائەتنىڭ پايدىسى بولمىغاندەك، ئىمان بار ھالدا گۇناھنىڭ زىيىنى يوق» دېگەن مۇرجىئەلەرگە رەددىيە بار. چۈنكى، ناۋادا مۇرجىئەلەرنىڭ دېگەنلىرى توغرا بولىدىغان بولسا ئىدى، ئەلبەتتە، ئاللاھ تائالانىڭ ۋەئىدى بىھۇدە بولۇپ قالاتتى. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ دېگەنلىرىدىن ئۈستۈندۇر.

4. ئىككى دەرىجە ئارىسىدىكى بىر دەرىجە (الْمَنْزِلَةُ بَيْنَ الْمَنْزِلَتَيْنِ)

[165] گۇناھكار مۇسۇلماننىڭ مۇئمىن بىلەن كافىر ئارىسىدىكى بىر دەرىجىدە ئىكەنلىكى پىكرىنى شەھرىستانىي «ئەلمىلەل ۋەننىھەل»دە مۇنداق دەپ بايان قىلغان: «ئۇنىڭ ئىزاھى شۇكى، ۋاسىل ئىبنى ئەتاﺋ مۇنداق دېگەن: ‹ئىمان ياخشىلىق خىسلەتلىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، شۇ خىسلەتلەر جەم بولغاندا، ئىنسان مۇئمىن دەپ ئاتىلىدۇ. مۇئمىن دېمەك مەدھىيە ئىسمىدۇر. پاسىق بولسا ياخشىلىق خىسلەتلىرىنى كامىللىمىغان ۋە مەدھىيە ئىسمىغا ھەقلىق بولمىغان. شۇڭا، ئۇ مۇئمىن دەپ ئاتالمايدۇ. ئۇ كافىرمۇ ئەمەس، چۈنكى شاھادەت ۋە باشقا ياخشى ئەمەللەر ئۇنىڭدا مەۋجۇد، بۇلارنى ئىنكار قىلىشنىڭ ئورنى يوق، لېكىن ئۇ تەۋبە قىلماستىن بىرەر چوڭ گۇناھ بىلەن دۇنيادىن كېتىپ قالسا، دوزاخ ئەھلىدىن بولىدۇ ۋە دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ. چۈنكى، ئاخىرەتتە ئىككىلا پىرقە بولىدۇ، بىر پىرقە جەننەتتە، يەنە بىر پىرقە دوزاختا. لېكىن، ئۇنىڭدىن ئازاب يېنىكلىتىلىدۇ›»(10).

مۇئتەزىلەلەر «گۇناھكار كىشى قىبلە ئەھلىدىن ۋە ئىككى دەرىجە ئارىسىدىكى بىر دەرىجىدە بولىدۇ» دەپ ئېتىقاد قىلىش بىلەن بىرگە، ماختاش ۋە ھۆرمەتلەش يۈزىسىدىن ئەمەس، ئۇنى زىممىيلاردىن ئايرىش ئۈچۈن، «ئۇنىڭغا مۇسۇلمان ئىسمىنى قوللانسا چاتاق يوق، دۇنيادا ئۇنىڭغا مۇسۇلمانلاردەك مۇئامىلە قىلىنىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ تەۋبە قىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ، ھىدايەت تېپىشى ئۈمىد قىلىنىدۇ» دەپ قارايدۇ.

ئۇ ھەقتە ئىبنى ئەبۇلھەدىد — ئۇ شىئە بولۇش بىلەن بىرگە مۇئتەزىلە شەيخلىرىدىن بىرىدۇر — ئېيتقانكى: «گەرچە بىز ‹چوڭ گۇناھ قىلغۇچى مۇئمىن ۋە مۇسۇلمان دەپ ئاتالمايدۇ› دەپ قارايدىغان بولساقمۇ، ئۇنى زىممىيلاردىن ۋە بۇتپەرەسلەردىن ئايرىش مەقسەت قىلىنغاندا، ئۇنىڭغا بۇ كەلىمەنى ئىشلىتىشنى جائىز سانايمىز. ئەمما، ئۇنىڭدىن ھۆرمەتلەش ۋە ماختاش مەقسەت قىلىنمىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدىغان بىر ئىشارە بولمىقى لازىم».

ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇش

[166] بۇ، مۇئتەزىلەلەرنىڭ بىرلىككە كېلىنگەن ئاساسلىرىدىن بەشىنچى ئاساستۇر. ئۇلار ئىسلام دەۋىتىنى يېيىش، گۇمراھلارنى توغرا يولغا باشلاش، ھەقنى باتىلغا ئارىلاشتۇرۇپ مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىنى بۇزماقچى بولغانلارنىڭ ھۇجۇمىنى توسۇش ئۈچۈن، بۇنى بارلىق مۇئمىنلەرنىڭ ئۈستىدىكى مەجبۇرىيەت دەپ قارىغان. شۇڭا، ئۇلار ئىسلام ھەقىقەتلىرىنى ئۆرۈش، ئىسلامنىڭ تۇتقىلىرىنى بىرمۇبىر چۇۋۇپ تاشلاش ئۈچۈن ئابباسىيلارنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە ئېتىلىپ كەلگەن زىندىقلىق كەلكۈنلىرى ئالدىدا ھەقىقەتلەرنى قوغدىغان. (خەلىفە) مەھدىيمۇ ئۇلارنى شۇنىڭغا ئىشلەتكەن، بۇنى كېيىنچە بايان قىلىمىز. شۇنىڭدەك ئۇلار يەنە ئەھلى ھەدىس ۋە ئەھلى فىقھ بىلەن مۇنازىرىلەشكەن ۋە ئۇلارنى دەلىل – ھۆججەت بىلەن ياكى قاتتىقلىق ۋە ھوقۇق كۈچى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ قاراشلىرىنى قوبۇل قىلىشقا زورلىغان. «قۇرئان»نىڭ مەخلۇق ياكى ئەمەسلىكى مەسىلىسىدە توختالغىنىمىزدا، بۇنىڭغا ئىشارە قىلىپ ئۆتىمىز. مانا يۇقىرىقىلار مۇئتەزىلەلەر بىرلىككە كەلگەن بەش ئاساستۇر، شۇنىڭ ھەممىسىگە ئىمان ئېيتمىغان كىشى مۇئتەزىلىلىك ئىسمىغا ھەقلىق بولمايدۇ.

مۇئتەزىلەلەرنىڭ ئەقىدىلەرنى دەلىللەشتىكى ئۇسۇلى

[167] ئۇلار ئەقىدىلەرنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن دەلىل كەلتۈرۈشتە ئەقلىي ھۆكۈملەرگە تايىناتتى، پەقەتلا ئەقىل بىلەن بىلگىلى بولمايدىغان ئىشلاردا ئەقلىي ھۆكۈملەرگە تايانمايتتى. ئۇلارنىڭ شەرىئەت ئەمرلىرىگە بولغان ھۆرمىتى بولمىغاندا، ئۇلارنىڭ ئەقىلگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ چېكىنى بېكىتكىلى بولمايتتى. چۈنكى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھەربىر مەسىلىسىنى ئەقىلگە تەڭلەيتتى، ئەقىل قوبۇل قىلغىنىنى ئېتىراپ قىلاتتى، ئەقىل قوبۇل قىلمىغىنىنى رەت قىلاتتى. بۇ خىل ئەقلىي ئىزدىنىش ئۇلارغا مۇنۇ تەرەپلەردىن سىڭىپ كىرگەن:

1. ئۇلارنىڭ ئىراق ۋە پارستا تۇرغانلىقى. چۈنكى، بۇ ئىككى يەردە قەدىمكى مەدەنىيەت ۋە ھازارەتلەرنىڭ قالدۇقلىرى توقۇنۇشۇپ تۇراتتى.

2. ئۇلارنىڭ ئەرەبتىن باشقا ئىرقلاردىن بولغانلىقى. چۈنكى، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى مەۋالىيلاردىن ئىدى.

3. ئۇلار پىكىر ئىگىلىرى بولغان ۋە ئۇ پىكىرلەرنى ئەرەبچىگە يۆتكىگەن نۇرغۇن يەھۇدىي، ناسارالار ۋە ئۇندىن باشقىلار بىلەن ئارىلىشىپ ياشىغاچقا، قەدىمكى پەيلاسوپلارنىڭ كۆپلىگەن قاراشلىرى ئۇلارغا تارقىغان.

[168] ئۇلارنىڭ ئەقىلگە مۇتلەق تايىنىشىنىڭ تەسىرلىرىدىن بىرى شۇ ئىدىكى، ئۇلار نەرسىلەرنىڭ گۈزەللىكى ۋە قەبىھلىكىنى بېكىتىشتە ئەقىلنى ھاكىم قىلاتتى ۋە مۇنداق دەيتتى: «ياخشىلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئەقىل بىلەن بىلگىلى بولىدۇ ۋە ياخشىلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەقىل نەزەرى بىلەن ۋاجىبتۇر. (مەسىلەن) ئىنئام بەرگۈچىگە تەشەككۈر ئېيتىش نەقىل كېلىشتىن بۇرۇنمۇ ۋاجىب ئىدى. گۈزەللىك ۋە قەبىھلىك گۈزەل ۋە قەبىھنىڭ ئەسلىي سۈپىتىدۇر»(11).

مۇئتەزىلە شەيخلىرىدىن جۇببائىي ئېيتقانكى: «(ئەقىلنىڭ نەزەرىدە) ئاللاھنىڭ بۇيرۇپ قېلىشى مۇمكىن بولغان ھەرقانداق گۇناھ نەھيى قىلىنغانلىقى ئۈچۈن قەبىھتۇر، ئاللاھنىڭ مۇباھ قىلىشى مۇمكىن بولمىغان ھەرقانداق گۇناھ ئەسلىدىن قەبىھتۇر، مەسىلەن: ئاللاھنى بىلمەسلىك ۋە ئاللاھقا خاتا ئېتىقاد قىلىش. شۇنىڭدەك، ئاللاھ تائالانىڭ ئەمر قىلىشى مۇمكىن بولغان ھەرقانداق ئىش ئەمر قىلىنغانلىقى ئۈچۈن گۈزەلدۇر، ئاللاھنىڭ ئەمر قىلماسلىقى مۇمكىن بولمىغان ھەرقانداق ئىش ئەسلىدىن گۈزەلدۇر»(12).

ئۇلار شۇنىڭغا بىنائەن مۇنداق نەزەرىيەنى قۇرۇپ چىققان: ئاللاھنىڭ ياخشىنى ۋە ئەڭ ياخشىنى قىلىشى ۋاجىب. چۈنكى، شەيئىلەردە ئەسلىي گۈزەللىك ۋە ئەسلىي قەبىھلىك بار بولغان ئىكەن، ئاللاھ تائالانىڭ ئەسلىدىن قەبىھ بولغان ئىشنى قىلىشقا بۇيرۇشى ۋە ئەسلىدىن گۈزەل بولغان ئىشتىن چەكلىشى مۇھالدۇر، ئاللاھ تائالا ئەسلىدىن گۈزەل بولغان ئىشنى تەرك ئەتمەيدۇ. ئەنە شۇ «ياخشىنى قىلىش» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ پرىنسىپنى ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى قوبۇل قىلغان ۋە: «ئاللاھ تائالادىن پەقەت ياخشى بولغان ئىشلا سادىر بولىدۇ. چۈنكى، ياخشى ئىش ئۇنىڭغا ۋاجىبتۇر، ئاللاھ تائالا قانداقلا بىر ئىشنى قىلسۇن، ئۇ ياخشىدۇر، ئۇنىڭ ياخشىدىن باشقىنى قىلىشى مۇھالدۇر» دېگەن.

ئۇلارنىڭ گرېك پەلسەپەسى ۋە باشقا پەلسەپەلەردىن كۆزقاراشلارنى قوبۇل قىلىشى

[169] ئۇمەۋىيلەر دەۋرىنىڭ ئاخىرىدا ۋە ئابباسىيلار دەۋرىدە ئەرەب ئەقلىگە ھىندى پەلسەپەسى ۋە گرېك پەلسەپەسى ئارقىمۇئارقا كىرىپ كەلدى. گرېك پەلسەپەسى مۇسۇلمانلارغا پارسلار ئارقىلىق كەلدى. چۈنكى، پارس مەدەنىيىتى ئىسلامدىن بۇرۇن گرېك پەلسەپەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. شۇنىڭدەك يەنە گرېك پەلسەپەسى سىريانلار ئارقىلىقمۇ كەلدى. چۈنكى، ئۇلار گرېك پەلسەپەسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، گرېك پەلسەپەسىگە ئۆزلىرىنىڭ دىنىي كىيىمىنى، خرىستىيانلىق چاپىنىنى كىيگۈزگەن. گرېك پەلسەپەسى يەنە گرېكلىقلارنىڭ ئۆزلىرى ئارقىلىقمۇ يېتىپ كەلگەن. چۈنكى، مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى بەزى مەۋالىيلار گرېكچىنى پىششىق بىلەتتى.

مۇئتەزىلەلەر ئۆزلىرىنىڭ قاراشلىرىدا مۇشۇ پەلسەپەنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ۋە ئۆزلىرىنىڭ مەسىلە دەلىللەشلىرىدە ئۇنىڭدىن كۆپ نەرسىلەرنى ئالغان. نەتىجىدە ئۇلارنىڭ دەلىللىرىدە ۋە قىياسلىرىنىڭ مۇقەددىمەلىرىدە پەلسەپەنىڭ تەسىرى ئوچۇق كۆرۈلگەن.

مۇنداق ئىككى ئىش ئۇلارنى بۇ پەلسەپەنى ئۆگىنىشكە ئىتتەرگەن:

بىرى: ئۇلار پەلسەپەدىن ئۆزلىرىنىڭ ئەقلىي تەشنالىقىنى ۋە پىكرىي شەيدالىقىنى قاندۇرىدىغان نەرسىلەرنى تاپقان ھەمدە ئۇلار پەلسەپەدە ئەقلىي مەشىق قىلىپ، كۈچلۈك پاكىت كۆرسىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان.

يەنە بىرى: پەيلاسوپلار ۋە باشقىلار بەزى ئىسلامىي پرىنسىپلارغا ھۇجۇم قىلغان چاغدا، بۇلار ئۇلارغا رەددىيە بېرىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىققان ۋە ئۇلارنىڭ مۇنازىرە قىلىشتىكى بەزى ئۇسۇللىرىنى قوللانغان، پەيلاسوپلارنى يېڭىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ مۇنازىرە ئۇسۇللىرىدىن كۆپ نەرسىنى ئۆگەنگەن. نەتىجىدە ئۇلار ھەقىقەتەن مۇسۇلمانلارنىڭ پەيلاسوپلىرى بولۇپ قالغان.

ئۇلارنىڭ ئىسلامنى قوغدىشى

[170] مەجۇسىيلار، يەھۇدىيلەر، ناسارالار ۋە ئۇلاردىن باشقا قەۋملەردىن نۇرغۇن ئادەملەر ئىسلامغا كىردى، ھالبۇكى ئۇلارنىڭ كاللىلىرى ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىگە سىڭىپ كەتكەن شۇ دىنلارنىڭ تەلىماتلىرى بىلەن تولغان ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە يا قورققانلىقتىن، يا دۇنياۋى مەنپەئەتنى كۆزلىگەنلىكتىن، يا بۇزۇقچىلىق تېرىش ۋە مۇسۇلمانلارنى ئازدۇرۇش مەقسىتى بىلەن، قارىماققا مۇسۇلماندەك كۆرۈنۈپ كۆڭلىدە كۇفۇرنى يوشۇرغانلارمۇ بار ئىدى. بۇ بۆلۈك كىشىلەر مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئۇلارنى ئەقىدىلىرىدىن شەكلەندۈرىدىغان نەرسىلەرنى تارقىتىشقا باشلىدى. ئۇلارنىڭ تىككەن كۆچىتى مېۋە بېرىپ، كۆرۈنۈشتە ئىسلامنىڭ نامىنى كۆتۈرۈپ يۈرىدىغان، ئەمەلىيەتتە ئىسلامنى ئۆرۈپ تاشلايدىغان پىرقەلەر پەيدا بولدى، مۇجەسسىمەلەر ۋە «بەزى ئىماملارنىڭ جىسمىغا ئىلاھ چۈشىدۇ» دەيدىغان رافىزىيلار ۋە زىندىقلار پەيدا بولدى. بۇلارغا قارشى ئىسلامنى قوغداش ئۈچۈن، ئەقىلنى تەتقىق قىلغان ۋە نەقىلنى چۈشەنگەن بىر پىرقە ئوتتۇرىغا چۈشتى. ئۇلار مۇئتەزىلەلەر ئىدى. ئۇلار دىننى قوغداشقا ئۆزلىرىنى ئاتىدى. مۇئتەزىلەلەرنىڭ ھەممىسى بىردەك قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن بەش ئاساس ئۇلار بىلەن ئۇلارنىڭ مۇخالىپلىرى ئوتتۇرىسىدا بولغان ئۆتكۈر مۇنازىرىلەردىن تۇغۇلغان ئىدى. ئۇلارنىڭ بىز يۇقىرىدا بايان قىلغان شەكىلدە ئېتىقاد قىلغان تەۋھىدى مۇشەببىھەلەر ۋە مۇجەسسىمەلەرگە رەددىيە بېرىش ئۈچۈن ئىدى، ئۇلار ئېتىقاد قىلغان ئادالەت جەھمىيلەرگە رەددىيە بېرىش ئۈچۈن ئىدى، ئۇلار ئېتىقاد قىلغان ۋەدە مۇرجىئەلەرگە رەددىيە بېرىش ئۈچۈن ئىدى، ئۇلار ئېتىقاد قىلغان ئىككى دەرىجە ئارىسىدىكى بىر دەرىجە مۇرجىئە ۋە خاۋارىجلارغا رەددىيە بېرىش ئۈچۈن ئىدى.

(خەلىفە) مەھدىينىڭ دەۋرىدە مۇقەننەﺋ خۇراسانىي پەيدا بولدى. ئۇ روھلارنىڭ كۆچىدىغانلىقىنى (يەنى ئۆلگەن بىر جانلىقنىڭ روھىنىڭ يېڭى تۇغۇلغان بىر جانلىققا كۆچىدىغانلىقىنى) ئېيتاتتى. ئۇ بىر تۈركۈم كىشىلەرنى ئاداشتۇرغاندىن كېيىن، ماۋەرائۇننەھرگە يۈردى. مەھدىي ئۇنى بويسۇندۇرۇشتا قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاچقا، ئۇ (پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ) كىشىلەرنى زىندىقلىققا ۋە زىندىقلارنىڭ ئەتراپىغا قىزىقتۇردى. مەھدىي ئۇلارنى قىلىچ كۈچى بىلەن يوقىتىش ئۈچۈن پايلاپ تۇراتتى، لېكىن قىلىچ بىرەر پىكىرنى يوقىتالمايتتى ۋە بىرەر مەزھەبنى ئۆلتۈرەلمەيتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ مۇئتەزىلەلەرنى ۋە ئۇلاردىن باشقىلارنى زىندىقلارغا رەددىيە بېرىشكە ۋە زىندىقلارنى پاكىت بىلەن يېڭىشقا، ئۇلارنىڭ شۈبھىلىرى ۋە ئازغۇنلۇقلىرىنى ئېچىپ تاشلاپ، ئۇلارنى رەسۋا قىلىشقا تەرغىب قىلدى. شۇنىڭ بىلەن مۇئتەزىلەلەر ئاكتىپلىق بىلەن ۋەزىپىلىرىگە ئاتلاندى.

ئابباسىيلار خانىدانلىقىنىڭ ئۇلارغا ياردەم بېرىشى

[171] دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، مۇئتەزىلەلەر ئۇمەۋىيلەر دەۋرىدە پەيدا بولدى ۋە ئۇمەۋىيلەردىن قارشىلىق بايقىمىدى. چۈنكى، ئۇلار ئۇمەۋىيلەرگە قارشى قالايمىقانچىلىقمۇ ۋە ئۇرۇشمۇ چىقارمىدى. چۈنكى، ئۇلار پىكىر قىلىش، ھۆججەتكە ھۆججەت بىلەن رەددىيە بېرىش ۋە ئىشلارنى توغرا ئۆلچەملەر بىلەن ئۆلچەشتىن باشقا ئىشى يوق پىرقە ئىدى. ئۇمەۋىيلەر ئۇلار بىلەن توقۇنۇشمىدى، ئۇلارمۇ ئۇمەۋىيلەر بىلەن توقۇنۇشمىدى.

ئىشارە قىلغىنىمىزدەك، دىنسىزلىق ۋە زىندىقلىق ئاپىتى يامرىغان بىر مەزگىلدە ئابباسىيلار دۆلىتى مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن، ئابباسىي خەلىفەلىرى مۇئتەزىلەلەردىن زىندىقلىققا قارشى كەسكىن بىر قىلىچنى تاپتى. شۇنىڭ بىلەن خەلىفەلەر ئۇلارنى چەكلىمەستىن، ئۇلارنى ئۆز يولىدا داۋاملىشىشقا رىغبەتلەندۈردى. خەلىفە مەئمۇن (ئۇ ئۆزىنى مۇئتەزىلە ئالىملىرىدىن ھېسابلايتتى) مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن، ئۇلارنى قۇۋۋەتلەپ، ئۇلارنى ئۆزىگە يېقىن تۇتتى ۋە ئۆزىنىڭ ھاجىبلىرى، ۋەزىرلىرىنى ئۇلاردىن قىلدى. ئۇ كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق بىر پىكىرگە كېلىشى ئۈچۈن، ئۇلار بىلەن فۇقەھائ‍ ئارىسىدا مۇنازىرىلەرنى ئۇيۇشتۇراتتى. ئۇ شۇنداق داۋاملىشىپ، تا ھىجرىيە 218 – يىلى (يەنى ئۆزى ئۆلۈپ كەتكەن يىلى) بولغاندا، ئىلمىي مۇنازىرىلەرنى ئۇيۇشتۇرۇشتىن قاتتىق ئەزىيەت بېرىدىغانلىقى بىلەن تەھدىت سېلىشقا، ھەتتا راستتىنلا ئەزىيەت بېرىشكە ئۆتتى. بۇ ئىشلار ئۇنىڭ ۋەزىرى ۋە كاتىپى ئەھمەد ئىبنى ئەبۇ دۇئاد ئەلمۇئتەزىلىينىڭ پىكرى ۋە تەدبىرى بىلەن بولدى. بۇ ھەقىقەتەن چوڭ بىر خاتالىقتۇركى، مەئمۇندەك بىرىنىڭ ئۆزىنىڭ دەۋرىدە بۇنداق خاتالىقنىڭ يۈز بېرىشىگە رازى بولۇشى قاملاشمىغانىدى. ئۇنىڭ دەۋرىدە كۈچ ئارقىلىق فەقىھ ۋە مۇھەددىسلەر مۇئتەزىلەلەرنىڭ كۆزقارىشىغا زورلاندى. ھالبۇكى ھاكىمىيەت كۈچى مەلۇم پىكىر – قاراشلارنى قوللاپ، كىشىلەرنى ئۆزلىرىنىڭ ئېتىقاد قىلىۋاتقىنىدىن باشقىغا زورلايدىغان كۈچ ئەمەس ئىدى. دىندا زورلاش ھارام بولغانىكەن، كىشىلەرنى خىلاپلىق قىلسا دىندىن ئېغىپ كېتىدىغان ئىش يوق بىر ئەقىدىگە زورلاش قانداقمۇ گۈزەل بولسۇن؟! ئۇ ھەقىقەتەن فۇقەھائنى «‹قۇرئان› مەخلۇق» دېيىشكە زورلىۋىدى، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئىمان ۋە ئېتىقاد بىلەن ئەمەس، بەلكى ساقلىنىش ۋە قورقۇش سەۋەبىدىن ئۇنىڭ تەلىپىگە ماقۇل كەلدى. يەنە بەزىلىرى جاپا – مۇشەققەت ۋە ئۇزۇن قاماققا بەرداشلىق بەردى ۋە ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلىدىغاندىن باشقىنى دېمىدى. مەئمۇننىڭ ۋەسىيىتىگە بىنائەن، بۇ فىتنە مۇئتەسىم ۋە ۋاسىقنىڭ خەلىفەلىك دەۋرلىرىدىمۇ داۋاملاشتى. ۋاسىق تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، مۇئتەزىلەلەرنىڭ قارىشى بولغان قىيامەت كۈنىدىكى ئاللاھنى كۆرۈشنى ئىنكار قىلىشقا زورلىدى. مۇتەۋەككىل كېلىپ، بۇ كۈلپەتنى كۆتۈرۈۋەتتى ۋە ئىشلارنى ئىزىغا چۈشۈرۈپ، پىكىر – قاراشلارنى ئۆزىنىڭ يولىغا قويۇپ بەردى، بەلكى ئۇ مۇئتەزىلەلەرنى ئەزدى ۋە ئۇلارغا ياخشى نەزەردە قارىمىدى.

مۇئتەزىلەلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ دەۋرداشلىرىنىڭ نەزەرىدىكى ئورنى

[172] فەقىھ ۋە مۇھەددىسلەر مۇئتەزىلەلەرگە ھۇجۇم قوزغىدى. شۇنىڭ بىلەن مۇئتەزىلەلەر كۈچلۈك ئىككى دۈشمەننىڭ ئارىسىدا قالدى. زىندىقلار، مۇشەببىھەلەر، مۇجەسسىمەلەر ۋە ئۇلارغا ئوخشايدىغان كىشىلەر بىر تەرەپتە، فەقىھ ۋە مۇھەددىسلەر يەنە بىر تەرەپتە ئىدى. سىز مۇنازىرىلەردە فەقىھ ۋە مۇھەددىسلەرنىڭ ھەر پۇرسەتتە مۇئتەزىلەلەرنى سۆكىدىغانلىقىنى كۆرىسىز. سىز ئىمام شافىئىي ۋە ئىمام ئىبنى ھەنبەلنىڭ ئىلمى كالامنى ۋە ئەھلى كالامنىڭ تەرىقىسى بويىچە ئىلىم ئالىدىغانلارنى سۆككەنلىكىنى ئاڭلىسىڭىز، بىلىڭكى، ئۇلارنىڭ سۆكمەكچى بولغىنى مۇئتەزىلەلەر ۋە ئۇلارنىڭ تەرىقىسىدۇر.

لېكىن، فەقىھ ۋە مۇھەددىسلەرنىڭ مۇئتەزىلەلەرنى يامان كۆرۈشىنىڭ سەۋەبى نېمە؟ ھەتتا فەقىھ ۋە مۇھەددىسلەر مۇئتەزىلەلەرنى مەئمۇن مۇئتەزىلەلەرنىڭ قاراشلىرىنى قوللاش ئۈچۈن ئۇلارغا سالغان ئازار – كۈلپەتلەردىن بۇرۇنمۇ يامان كۆرەتتى.

مېنىڭچە، بىرقانچە ئىش بىرلىشىپ، بۇ ئاداۋەتنى پەيدا قىلغان. ئۇ ئىشلارنىڭ بەزىلىرى تۆۋەندىكىچە:

بىرىنچى: مۇئتەزىلەلەر ئەقىدىلەرنى چۈشىنىشتە سەلەفلەرنىڭ يولىغا خىلاپلىق قىلغان. شۈبھىسىزكى، «قۇرئان كەرىم» سەلەفلەرنىڭ تىلىدىن چۈشمەيتتى، ئاللاھ تائالانىڭ سۈپەتلىرىنى، ئىمان ئېيتىش ۋاجىب بولىدىغان ئەقىدىلەرنى بىلمەكچى بولغان ھەر كىشى «قۇرئان»غا ۋە سۈننەتكە ئىلتىجا قىلاتتى، ئۇنىڭدىن باشقىدىن مەدەت ئالمايتتى ۋە ئۇنىڭدىن ئۆزگىگە كۆڭۈل توختىمايتتى. ئۇلار كىتابنىڭ روشەن ئايەتلىرىدىن ئەقىدىلەرنى چۈشىنەتتى. ئۆزلىرىگە غۇۋا بولۇپ قالغانلىرىنى تىل ئۇسلۇبلىرى بىلەن چۈشىنىشكە ئۇرۇناتتى، ھالبۇكى ئۇلار تىل ئۇستىلىرى ئىدى. ئەگەر چۈشىنىش تەس بولۇپ قالسا، ئۇلار فىتنە قوزغىماستىن ۋە ئەگرىلىكنى ئىزدىمەستىن شۇ يەردە توختايتتى ۋە ئىشلارنى ئاللاھقا تاپشۇراتتى.

بۇ ئەرەبلەرگە ماس ئەھۋال ئىدى. چۈنكى، ئۇلار ئەسلىدىنلا ئىلىملەرنىڭ ئەھلىمۇ ئەمەس، مەنتىق ئەھلىمۇ ۋە پەلسەپە ئەھلىمۇ ئەمەس. ئىلىملەر كۆپىيىپ، پەلسەپە ئىلىملىرى كېڭەيگەندىن كېيىن، مۇئتەزىلەلەر مەيدانغا كېلىپ، ئۇشبۇ يولغا خىلاپ يول تۇتقان ۋە ھەر نەرسىدە ئەقىلنى ھاكىم قىلغان، ئەقىلنى ئىزدىنىشلىرىنىڭ ئاساسى قىلغان. ئۇلارنىڭ ئەقلىي تويماسلىقى ئۇلارنى ھەر ئىشنىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىشكە ئۇرۇندۇرغان.

دىننى تەتقىق قىلىشتىكى ئاشۇ يېڭى مېتود فۇقەھائ‍ ۋە مۇھەددىسلەر ئۈچۈن يېڭى تەرىقە بولۇپ، ئۇلار دىننى تەتقىق قىلىشتا ئۇنىڭغا كۆنمىگەنىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مۇئتەزىلەلەرگە قارىتا تەنقىد قىلىچلىرىنى يالىڭاچلىدى ۋە ئۇلار ھەققىدە يامان گەپلەرنى تارقاتتى.

[173] ئىككىنچى: مۇئتەزىلەلەر زىندىق، رافىزىي، ئىككى خۇداچى ۋە ئۇندىن باشقىلار بىلەن كۆپ مۇنازىرىلەشتى. ھەربىر مۇنازىرە بىر تۈرلۈك ئېلىشىش بولۇپ، جەڭچى دېگەن ئۇرۇشتا رەقىبىنىڭ ئۇسۇلىنى ئۆگىنىدۇ، ئۇنىڭ قورالىغا كۆرە تەدبىر قوللىنىدۇ، تاكتېكىلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقىدۇ، نىشانلىرىنى تەتقىق قىلىدۇ. پۈتۈن بۇ ئىشلار رەقىبلەرنىڭ بىر – بىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشىغا، بىر – بىرىنىڭ بەزى مېتودلىرىنى قوبۇل قىلىشىغا يول ئاچىدۇ. دېمەك، مۇئتەزىلەلەرگىمۇ، گەرچە ئاساسەن بولمىسىمۇ، ئۆزلىرىنىڭ مۇخالىپلىرىنىڭ بەزى تەپەككۇرلىرى سىڭىپ قالغان. ئۇلارغا سىڭىپ قالغان ئۇ خىل تەپەككۇرلار ئۇلارنىڭ ئەقىدىسىنى ئۆزگەرتىۋېتىدىغان ياكى ئۇلارنى ئىسلامدىن چىقىرىۋېتىدىغان، ياكى ئۇلارنىڭ ھۇجۇمچىلار بىلەن مۇنازىرىلىشىش جىھادىنى كېمەيتىۋېتىدىغان يەردە ئەمەس. نايبېرگ (Nyberg) ئۆزى نەشرگە تەييارلىغان «ئەلئىنتىسار (الانتصار)» ناملىق كىتابنىڭ مۇقەددىمەسىدە نېمىدېگەن ياخشى ئېيتقان: «كىمكى چوڭ بىر دۈشمەن بىلەن جەڭگە چۈشۈپ قالسا، ئۇ كىشى ئۇنىڭغا باغلىنىپ قالىدۇ، ئۇرۇش شەرتلىرىگە ۋە ئۇرۇش ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىشىگە قارىتا ھەرىكەت قىلىدۇ. ھەرىكەت ۋە سۇكۇناتلىرىدا، ئولتۇرۇپ قوپۇشلىرىدا دۈشمىنىنى پايلاپ تۇرۇشى لازىم بولىدۇ. گاھىدا دۈشمەننىڭ روھى ۋە ھىيلىلىرى ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسىتىپ قالىدۇ. پىكىر ئۇرۇشىمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدۇ. ئومۇمەن، پىكىرلەرنىڭ شەكىللىنىشىدە دۈشمەننىڭ تەسىرى بولىدۇ، بۇ تەسىر دوستنىڭ تەسىرىدىن تۆۋەن ئەمەس. ھەتتا بەزى ھەنبەلىيلەر ئۆزىنىڭ بەزى دوستلىرىنىڭ دىنسىزلارغا رەددىيە بېرىشكە بەك بېرىلىپ كېتىپ، ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭمۇ دىنسىز بولۇپ قالغانلىقىدىن شىكايەت قىلغان. ئەگەر سىز مۇئتەزىلەلەرنىڭ بەزى قاراشلىرىدا تاپتىن چىقىپ كېتىشىنى كۆرسىڭىز، ئۇ چوقۇم ئۇلارنىڭ مۇشۇ مۇنازىرىلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىدىندۇر»(13).

[174] ئۈچىنچى: مۇئتەزىلەلەرنىڭ ئەقىدىلەرنى بىلىشتىكى يولى نوقۇل ئەقلىي يولدۇر. ئۇلار بىرەر قۇرئانىي نەسكە قارشى كېلىپ قالماسلىققا تىرىشىدىغان بولسىمۇ، ئەگەر ئۆزلىرى ماقۇللىغان بىر قاراش بىلەن ئۆزلىرى ئوقۇيدىغان بىرەر نەس ئوتتۇرىسىدا زاھىردا بىر قارشىلىق بولۇپ قالسا، نەسنى ئۆز مەنىسىدىن چىقىپ كەتمىگۈدەك ۋە ئۆزلىرىنىڭ قارىشىغىمۇ خىلاپ كەلمىگۈدەك رەۋىشتە تەئۋىل قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، بۇ يولنىڭ ئاساسى ئەقىلگە ئىشىنىشتۇر، ھالبۇكى ئەقىلنىڭمۇ ئەگرى كېتىدىغان يەرلىرى بار. شۇڭا، ئۇلار كۆپلىگەن ئېغىر خاتالىقلارغا چۈشۈپ قالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ نوقۇل ئەقلىي خاھىشى ئۇلارنى شۇنىڭغا باشلىغان. مەسىلەن، مۇئتەزىلەلەرنىڭ ئىماملىرىدىن بولغان جۇببائىينىڭ: «ئاللاھ بەندىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلغاندا، بەندىگە ئىتائەت قىلغۇچىدۇر» دېگەن سۆزنى دېيىشكە قىستىلىشى مۇشۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر. بۇ قىستىلىشنىڭ سەۋەبى مۇنداق بولغان: «ئەبۇلھەسەن ئەشئەرىي ئۇنىڭدىن:

— سىزنىڭ نەزەرىڭىزدە تائەتنىڭ مەنىسى نېمە؟ — دەپ سورىۋىدى، ئۇ:

— ئىرادىگە ئۇيغۇنلىشىشتۇر، باشقىلارنىڭ مۇرادىنى قىلىپ بەرگەن ھەرقانداق كىشى ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ، — دەپ جاۋاب بەردى. ئەبۇلھەسەن ئېيتتى:

— بۇ پرىنسىپقا بىنائەن، سىز ‹ئاللاھ بەندىسىنىڭ مۇرادىنى قىلىپ بەرسە، ئاللاھ بەندىگە ئىتائەت قىلغان بولىدۇ› دېيىشكە قىستىلىسىز. ئەگەر ئاللاھنىڭ ئۆزىنىڭ بەندىسىگە ئىتائەت قىلغۇچى بولۇشى جائىز بولسا ئىدى، ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا بوي ئەگكۈچى بولۇشى جائىز بولۇپ بولاتتى. ئاللاھ ئۇنداق بولۇشتىن مۇتلەق ئۈستۈندۇر»(14).

ئۇلارنىڭ ئىماملىرىدىن ئەبۇلھۇزەيلنىڭ بۇ سۆزىمۇ شۇ جۈملىدىندۇر: «جەننەت ئەھلىنىڭ ئىختىيارلىقى يوقتۇر. چۈنكى، ئەگەر ئۇلارنىڭ ئىختىيارلىقى بولسا ئىدى، چوقۇم ئۇلار مۇكەللەپ بولغان بولاتتى، ئاخىرەت بولسا تەكلىپ يۇرتى ئەمەس، جازا – مۇكاپات يۇرتىدۇر»(15). بۇ ئەقلىي قىڭغىرلىقتۇر. چۈنكى، ئىختىيارلىق تەكلىپنى لازىم تۇتمايدۇ. خەييات ئۇنىڭ بۇ گەپتىن يانغانلىقىنى تىلغا ئالغان.

ئۇلارنىڭ بەزىلىرىدىن يۈز بەرگەن مۇشۇنداق پىكرىي قالايمىقانچىلىقلار كىشىلەر ئارىسىدا بىر پۈتۈن مۇئتەزىلەلەرنىڭ نامىدا ئېقىپ يۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھەققىدە يامان گەپلەر بولۇنغان.

[175] تۆتىنچى: مۇئتەزىلەلەر ئۈممەتنىڭ نەزەرىدە زور مەرتىۋىگە ئىگە بولغان كۆپلىگەن كىشىلەر بىلەن خۇسۇمەتلەشكەن ۋە خۇسۇمەتلىرىدە تىلىنى ساقلىمىغان. مۇئتەزىلەلەرنىڭ ئىماملىرىدىن بولغان جاھىز (ھ. 159 – 255/م. 781 – 869) نىڭ فىقھ ۋە ھەدىس ئەھلى ھەققىدىكى گېپىگە قاراڭ! «ھەدىس ئەھلى بولسا ئاۋاملاردۇر، ئۇلار تەقلىد قىلىدۇ، نەتىجە ئىشلەپچىقىرالمايدۇ، (ئاق – قارىنى) تاللىيالمايدۇ. ھالبۇكى تەقلىد ئەقىل تەرىپىدىن سۆكۈلگۈچىدۇر، ‹قۇرئان› تەرىپىدىن چەكلەنگۈچىدۇر». ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېگەن: «ئۇلارنىڭ ›ئابىد ۋە زاھىدلار بىزنىڭ ئارىمىزدا‹ دېگەن گېپىگە كەلسەك، خاۋارىجلارنىڭ سانى ئۇلارنىڭ سانىغا نىسبەتەن ئاز تۇرۇپ، يالغۇز خاۋارىجلارنىڭ ئابىدلىرىنىڭ سانى ئۇلارنىڭ ئابىدلىرىنىڭ سانىدىن كۆپتۇر. ھالبۇكى خاۋارىجلار ياخشى نىيەتلىك، يېمىكى پاك، كەسىپ قىلىشتىن يىراق، پەرھىزكارلىقتا سەمىمىي، كىيىمى ئاز، يولىدا ئىزچىل، مېھنەتكەش، توپلىغىنى ئاز، بەرگىنى كۆپ، زاھىدلىقى ۋە تىرىشچانلىقى ئاشكارا كىشىلەردۇر»(16).

جاھىز گېپىنى قىلغان بۇ كىشىلەرنىڭ ئومۇمىي خەلقنىڭ نەزەرىدە، بولۇپمۇ خەلق ئىچىدىكى نۇرغۇن يۇقىرى قاتلام كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە چوڭ ئورنى بار ئىدى. گەرچە مۇئتەزىلەلەرنىڭ ساپ ھەقىقەتلەرنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ نەزەرىدە ئورنى بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئاچچىق تەنە ئۇلارنىڭ كۆپچىلىك خەلق نەزەرىدىكى ئېتىبارىنىڭ يوقىلىشىغا سەۋەب بولغان.

[176] بەشىنچى: دىنسىزلاردىن كۆپ ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ مەقسەتلىرى ۋە قاراشلىرىنى يېيىش ئۈچۈن مۇئتەزىلە مەزھەبىگە سوقۇنۇپ كىرىۋېلىپ، مەزھەب ئىچىدە ئىسلامغا ۋە مۇسۇلمانلارغا زەھىرىنى چاچقان. ئاخىرىدا، ئۇلارنىڭ غەرەزلىرى ئاشكارىلانغان چاغدا، مۇئتەزىلەلەر ئۇلارنى ئۆزلىرىدىن يىراق قىلغان. مەسىلەن، ئىبنى راۋەندىي ئۇلاردىن سانىلاتتى، ئەبۇ ئىيسا ۋەرراق، ئەھمەد ئىبنى ھائىت، فەزل ھەدەسىي قاتارلىقلار ئۇلارغا تەۋە ئىدى. بۇلار بەزى ئىسلامىي پرىنسىپلارنى ئۆرۈپ تاشلايدىغان قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇلار ئىچىدە «مۇسۇلمانلارنىڭ ئەقىدىسىنى بۇزۇش ئۈچۈن يەھۇدىيلەرگە سېتىلغان» دەپ قارىلانغانلارمۇ بار ئىدى. گەرچە بۇلارنىڭ بەتبەشىرىلىكلىرى ئاشكارىلانغان چاغدا مۇئتەزىلەلەر تەرىپىدىن قوغلانغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ دەسلەپتىكى تەۋەلىكى مۇئتەزىلەلەرنىڭ يۈزىگە داغ چۈشۈرگەن. مۇئتەزىلە شەيخلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئاق ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ قەسەم قىلغان بولسىمۇ، يەنىلا داۋاملىق قارىلىنىپ قالغان. چۈنكى، زېھىنلەرگە ئەڭ بالدۇر كېلىدىغىنى قارىلاشتۇر.

[177] ئالتىنچى: ئابباسىيلار خانىدانى ئىچىدە مۇئتەزىلەلەرنى قوللىغان، ئۇلارغا ياردەم بەرگەن، ئۇلارنىڭ مەزھەبلىرىنى قوبۇل قىلغان ۋە ئۇلارنىڭ مەزھەبلىرىگە تەرەپدارلىق قىلغان كىشىلەر بار ئىدى. نەتىجىدە بۇ كىشىلەر خەلقنى مۇئتەزىلە مەزھەبىنى قوبۇل قىلىشقا زورلىماقچى بولۇپ، فەقىھ ۋە مۇھەددىسلەرگە ئەزىيەت بەردى، ئۇلارنى سىناپ، ئۇلارغا ئازاب سالدى. يۇقىرىدا بىز بۇنىڭغا ئىشارە قىلىپ ئۆتكەنىدۇق. ئەنە شۇ فەقىھ ۋە مۇھەددىسلەر ھەقىقەتەن بۇ ئازابقا سەۋر قىلدى. ئۇلارنىڭ تارتقان ئازاب – ئوقۇبەتلىرى خەلقنىڭ ئۇلارغا قارىتا ھېسداشلىقىنى، بۇ ئازاب – ئوقۇبەتنىڭ سەۋەبچىسى بولغانلارغا قارىتا غەزىپىنى قوزغىدى. نەتىجىدە بۇ تەقۋادارلارنىڭ چەككەن ئەلەملىرى مۇئتەزىلەلەرنىڭ يۈزىگە بىر داغ بولۇپ قايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇئتەزىلەلەر ئىچىدە رىسالەلىرى ئارقىلىق ئاشۇ ئازاب – ئوقۇبەتنى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەنلەر بار ئىدى. جاھىزنىڭ خەلىفەلەرنىڭ فەقىھ ۋە مۇھەددىسلەرگە ئەزىيەت يەتكۈزۈشىنى ئاقلاپ ئېيتقان مۇنۇ سۆزى شۇ جۈملىدىندۇر:

«مەقسەتكە كەلسەك، بىز پەقەت پاكىت تاپالىغان كىشىنى كافىرغا چىقىرىمىز، پەقەت قارىلانغان كىشىنى سىنايمىز، قارىلانغۇچىنى تەكشۈرۈش ئەيىب ئىزدىگەنلىك ئەمەس، گۇماندارنى سىناش دەپسەندە قىلغانلىق ئەمەس. ئەگەر ھەرقانداق تەكشۈرۈش دەپسەندە قىلىش بولسا ۋە ھەرقانداق سىناش ئەيىب ئىزدەش بولسا، ئەلبەتتە، ئىنسانلار ئىچىدە قازى ئەڭ دەپسەندە قىلغۇچى ۋە ئەڭ ئەيىب ئىزدىگۈچى بولۇپ قالاتتى»(17).

شۈبھىسىزكى، كۈچ ئارىلاشقان كۆزقاراشلارنىڭ مەغلۇب بولۇشى مۇقەررەر بىر ئىشتۇر. چۈنكى، كۈچ بەئەينى مۆڭ تەلۋە بىر ھايۋانغا ئوخشايدۇكى، يولدىن چەتنەپ كېتىش ئۇنىڭ تەبىئىتىدۇر. كۈچكە تايانغان ھەرقانداق كۆزقاراش ئەكسچە نەتىجە بېرىدۇ. چۈنكى، كىشىلەر ئۇ خىل كۆزقاراشنىڭ كۈچىدىن گۇمانلىنىدۇ. چۈنكى، كۈچلۈك بولسا ئىدى، كۈچكە موھتاج بولمىغان بولاتتى.

فۇقەھاﺋ ۋە مۇھەددىسلەرنىڭ ئۇلارنى قارىلىشى

[178] جاھىزنىڭ سۆزىدە كۆرگىنىڭىزدەك، مۇئتەزىلەلەر فۇقەھائنى قارىلىغان ۋە ئۇلارنىڭ نەزەرىدە ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلدەك بىر كىشى دىيانىتىدە چاتاق بار دەپ ھېسابلانغان. شۇڭا، قارىلاشقا قارىلاش بىلەن جاۋاب قايتۇرۇش زۆرۈر ئىدى. مۇئتەزىلەلەرنىڭ فەقىھ ۋە مۇھەددىسلەرنى قارىلىشى ئۇلارنىڭ ئابباسىيلار دۆلىتىدە كۈچكە ئىگە بولغان ۋاقتىدىن باشلاپ بولغان. ئەمدى قارشى تەرەپمۇ كۈچكە ئىگە بولغاندىن باشلاپ قارىلاشقا قارىلاش بىلەن جاۋاب قايتۇرۇشى ئېنىق ئىدى. شۇڭا، فەقىھ ۋە مۇھەددىسلەر مۇئتەزىلەلەرنى ھەر تۈرلۈك دىنىي قۇسۇرلار بىلەن قارىلىدى. ھەتتا ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ شاگىرتى ئىمام ئەبۇ يۈسۈف ئۇلارنى زىندىقلاردىن سانىدى. ئىمام مالىك ۋە ئىمام شافىئىي ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقىنى قوبۇل قىلماسلىق توغرىسىدا پەتۋا بەردى. ئىمام مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن شەيبانىي: «مۇئتەزىلەلەرنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇغان كىشى نامىزىنى قايتىلىشى كېرەك» دەپ پەتۋا بەردى. بۇ مەشھۇر ئىماملارغا مەنسۇپ بولغان كىشىلەرگە مۇئتەزىلەلەر توغرىسىدا يامان گەپلەر ئېقىپ كېلىپ، ئۇلارمۇ مۇئتەزىلەلەرنى پاسىق ۋە ھارام ئىشلارنى قىلىدۇ دەپ قارىلىدى.

مالامەت قىلىشىشقا ئېلىپ بارىدىغان ھەرقانداق خۇسۇمەتنىڭ تىللىشىشقا ئېلىپ بېرىشى ۋە رەقىبلەرنىڭ بىر – بىرىنى ھەق – ناھەق قارىلىشى ئېنىقتۇر. مۇئتەزىلەلەرگە قارىتىلغان قارىلاشلارنىڭ كۆپى بىتەرەپ بىر مەۋقەدىن ئېتىلىپ چىققان ئەمەس، بەلكى كۆپىنىڭ بائىسى تەرەپبازلىق ۋە مۇتەئەسسىبلىك بولغان. ھەرقانداق بىر مۇتەئەسسىبلىك مەلۇم جەھەتتىن ئىدراكنىڭ ئىشىكىنى ئېتىپ قويىدۇ. شەكسىزكى، مۇئتەزىلەلەر — مەيلى خاتا قىلسۇن ياكى توغرا قىلسۇن — خاتالىقى سەۋەبلىك دىندىن چىققىنى يوق، قىلغان دەۋەتلىرىدە ۋە ئىسلامنى قوغدىغان پىداكارلىقلىرىدا ساۋابى بار. بۇ جەھەتتە ئۇلارنىڭ پېشقەدەملىك ئارتۇقچىلىقى بار. مەسىلەن، ۋاسىلنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئىسلام دىيارلىرىغا تارقىلىپ، ھاۋايى – ھەۋەس ئەھلىگە رەددىيە بەرگەن. ۋاسىلنىڭ شاگىرتى ئەمر ئىبنى ئۇبەيد ھەق ئەھلىگە دوستانە، ھاۋايى – ھەۋەس ئەھلىگە خۇسۇمەتچى بولۇپ، زىندىقلارغا ئۇرۇش ئاچقان. ئۇ ھەقىقەتەن داڭلىق شائىر بەششار ئىبنى بۇرد بىلەن دوست ئىدى. ئەمر ئۇنىڭ زىندىقلىقىنى بىلگەن چاغدا، بۇ دوستلۇق ئەمرنىڭ ئۇنى باغدادتىن سۈرگۈن قىلىشىنى توسۇپ قالالمىغان. نەتىجىدە بەششار باغدادتىن سۈرگۈن قىلىنىپ، باغدادقا قايتالمىغان، پەقەت خەلىفە ئەبۇ جەئفەر مەنسۇرنىڭ دەۋرىدە ئەمر ۋاپات بولغاندىن كېيىن قايتىپ كېلەلىگەن. ئەمر ھەقىقەتەن زاھىد كىشى ئىدى. جاھىز ئۇنىڭ تەرىپىنى ئېلىپ: «شۈبھىسىزكى، ئۇنىڭ ئىبادىتى بارلىق فەقىھ – مۇھەددىسلەرنىڭ ئابىدلىرىنىڭ ئىبادىتىگە تەڭ كېلىدۇ» دېگەن(18).

ھەر ئەۋلاد مۇئتەزىلەلەر ئىچىدە ئابىدلىق ۋە زاھىدلىق بىلەن سۈپەتلەنگەن بىر تائىپە بولغان. ئۇلار ئارىسىدا زاھىدلىقىدىن قاتتىق ھاجەتمەن تۇرۇپمۇ دۆلەت مېلىدىن ئالمىغان پاك كىشىلەر بولغانىدى. رىۋايەت قىلىنىشىچە، «(خەلىفە) ۋاسىق، ۋەزىرى ئەھمەد ئىبنى ئەبۇ دۇئادتىن:

— نېمىشقا مېنىڭ دوستلىرىم (يەنى مۇئتەزىلەلەر) نى قازىلىققا باشقىلارنى تەيىنلىگەندەك تەيىنلىمەيسەن؟ — دەپ سورىۋىدى، ئۇ:

— ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! سىلىنىڭ دوستلىرى ئۇنىمايۋاتىدۇ، بۇ جەئفەر ئىبنى بىشرغا 10 مىڭ دىرھەم يوللىدىم، قوبۇل قىلغىلى ئۇنىمىدى. ئاتايىن ئۆزۈم بېرىپ، يېنىغا كىرىشكە ئىزىن سورىۋىدىم، ئىزىن بەرمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئىزنىسىز كىرىۋېدىم، ماڭا قىلىچ سۇغۇردى ۋە: ‹ئەمدى سېنى ئۆلتۈرسەم ماڭا ھالال بولىدۇ› دېدى. شۇنىڭ بىلەن قايتىپ كەتتىم. ئۇنىڭدەك بىر ئادەمنى قانداقمۇ قازىلىققا تەيىنلەيمەن؟! — دېدى.

ئەجەبلىنەرلىك يېرى، مۇشۇ جەئفەرگە ئۇنىڭ بەزى دوستلىرى ئىككى دىرھەم ئەۋەتىۋىدى، ئۇ قوبۇل قىلدى. ئۇنىڭغا:

— نېمە ئۈچۈن 10 مىڭ دىرھەمنى رەت قىلىپ، ئىككى دىرھەمنى قوبۇل قىلىسەن، — دېيىلگەندە، ئۇ:

— ئۇنىڭغا ئون مىڭلاپ پۇل خەجلەيدىغانلار لايىق، مەن مۇشۇ ئىككى دىرھەمگە لايىق، مېنىڭ شۇنىڭغا ھاجىتىم بار، ئاللاھ ئۇ ئىككى دىرھەمنى مەن باشقىلاردىن سورىماستىن ئەۋەتىپ بەردى، — دېگەن».

بۇ كۈچلۈك بىر روھ بولۇپ، ئۇ سۇلتاننىڭ مېلىنى ھالال بولمىغان يوللاردىن توپلاندى دەپ گۇمان قىلغاچقا، ئۇنىڭدىن شۈبھىلىنىپ ئاتانى رەت قىلدى، ھالال ۋە پاك ئىككى دىرھەمنى قوبۇل قىلدى.

مۇئتەزىلەلەرنىڭ مۇنازىرىلىرى

[179] ئىلمى كالام مۇئتەزىلەلەرنىڭ رەقىبلىرى بىلەن قىلىشقان مۇنازىرىلىرىدىن شەكىللەنگەن، ئۇلارنىڭ رەقىبلىرى گاھىدا مەجۇسىيلار، ئىككى خۇداچىلار ۋە ھاۋايى – ھەۋەس ئەھلى، گاھىدا فىقھ ۋە ھەدىس ئەھلى، گاھىدا ئەشئەرىيلەر ۋە ماتۇرىيدىيلەر بولاتتى. مۇئتەزىلەلەر مەركىزىي نۇقتا بولۇپ، ئىككى ئەسىرگە يېقىن ئۆزلىرىنىڭ مۇنازىرىلىرى بىلەن ئىسلام ئىدېئولوگىيىسىنى مەشغۇل قىلغان. ئۇ مۇنازىرىلەردە ئەمىر – ئۆمەرا، ۋەزىر – ۋۇزەرالارنىڭ، ئالىم – ئۆلىمالارنىڭ مەجلىسلىرى قىستا – قىستاڭ بولۇپ كەتكەن ۋە ئۇنىڭدا كۆزقاراشلار توقۇنۇشۇپ، ئىسلام ئىدېئولوگىيىسىنىڭ سادالىرى ئەكس ئەتكەن. ھالبۇكى ئىسلام ئىدېئولوگىيىسى پارس ياكى گرېك، ياكى ھىندى پەلسەپەلىرى بىلەن بېيىغانىدى. مۇئتەزىلەلەر ئۆزلىرىنىڭ بەس – مۇنازىرىلىرىدە ئۇلارغا ئالاھىدە تۈس قوشقان ۋە خاس بىر ئېقىمنى شەكىللەندۈرگەن بىر قىسىم ئالاھىدىلىكلەرگە ۋە خاسلىقلارغا ئىگە بولغان بولۇپ، بۇ ئېقىم گەرچە ھۆكۈم يەكۈنلەش ئۇسۇللىرى ۋە يەكۈنلەشتىكى مۇقەددىمەلىرى ئۇلاردىن باشقا ئىسلام ئۈممىتىنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ مۇقەددىمەلىرىدىن پەرقلەنسىمۇ، ئومۇمەن دىن تەشەببۇس قىلغان ئىدىيەلەردىن پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ. ئۇلارنىڭ بەس – مۇنازىرىدىكى ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكلىرى تۆۋەندىكىچە:

بىرىنچى: ئۇلارنىڭ تەقلىدچىلىكتىن يىراق تۇرۇشى؛ باشقىلارنىڭ پىكىرلىرىگە ئىزدەنمەستىن، كوچىلاپ تەكشۈرمەستىن، دەلىللىرىنى دەڭسىمەستىن ۋە ئىشلارنى تەققاسلىماستىن ئەگەشمەسلىكى؛ ئۇلارنىڭ ئىسىملارنى ئەمەس قاراشلارنى، ئادەمنى ئەمەس، ھەقىقەتنى ھۆرمەتلىشى. شۇڭا، ئۇلار بىر – بىرلىرىگە تەقلىد قىلمىغان. ئۇلارنىڭ ياقىلاپ ماڭغان قائىدىسى شۇ ئىدى: ھەربىر مۇئمىن ئۇسۇلۇددىن ھەققىدە ئىجتىھادى نېمىگە باشلىسا شۇنىڭغا مۇكەللەپتۇر. بۇ ئۇلارنىڭ كۆپ پىرقەلەرگە بۆلۈنۈشىدىكى سەۋەب بولسا كېرەك. ئۇ پىرقەلەر قاتارىدىن:

ۋاسىلىيلار: ئۇلار مۇشۇ مەزھەبنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئادىمى ۋاسىل ئىبنى ئەتائنىڭ قاراشلىرىنى تاللىغانلار.

ھۇزەيلىيلەر: ئۇلار ئىككىنچى ئەسىردىكى مۇئتەزىلەلەرنىڭ شەيخى ئەبۇلھۇزەيل ئەللافنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىدۇر.

نەززامىيلار: ئۇلار ئەبۇلھۇزەيل ئەللافنىڭ شاگىرتى ئىبراھىم ئىبنى سەييار نەززامنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىدۇر.

ھائىتىيلار: ئۇلار ئەھمەد ئىبنى ھائىتنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىدۇر.

بىشرىيلار: ئۇلار بىشر ئىبنى مۇئتەمىرنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىدۇر.

مۇئەممەرىيلەر: ئۇلار مۇئەممەر ئىبنى ئەبباد سۇلەمىينىڭ ئەگەشكۈچىلىرىدۇر.

مىزدارىيلار: ئۇلار مىزدار دەپ لەقەملىنىدىغان، ئەبۇ مۇسا دەپ كۇنيەت(19)لىنىدىغان ئىيسا ئىبنى سۇبەيھنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىدۇر.

سۇمامىيلار: ئۇلار سۇمامە ئىبنى ئەشرەس نۇمەيرىينىڭ ئەگەشكۈچىلىرىدۇر.

ھىشامىيلار: ئۇلار ھىشام ئىبنى ئۆمەر فۇۋەتىينىڭ ئەگەشكۈچىلىرىدۇر.

جاھىزىيلار: ئۇلار مەشھۇر ئەدىب جاھىزنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىدۇر. جاھىز ھەقىقەتەن ئەدىب بولۇش بىلەن بىرگە بىر مۇئتەزىلە ئالىمى ئىدى.

خەيياتىيلار: ئۇلار ئەبۇلھۈسەين خەيياتنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىدۇر.

جۇببائىيلار: ئۇلار ئەبۇلھەسەن ئەشئەرىينىڭ ئۇستازى، ئۈچىنچى ئەسىردە مۇئتەزىلەلەرنىڭ شەيخى بولغان ئەبۇ ئەلى جۇببائىينىڭ ئەگەشكۈچىلىرىدۇر.

بەھشەمىيلەر: ئۇلار جۇببائىيلارنىڭ شەيخى ئەبۇ ئەلى جۇببائىينىڭ ئوغلى ئەبۇ ھاشىم ئابدۇسسالامنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىدۇر.

[180] ئىككىنچى: ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىدىن يەنە بىرى ئۇلارنىڭ ئەقىدىلەرنى ئىسپاتلاشتا ئەقىلگە تايانغانلىقى؛ ئۇلار تۇيۇق يولغا كىرىپ قېلىپ «قۇرئان»نىڭ يولىدىن چىقىپ كەتمەسلىكلىرى ئۈچۈن، «قۇرئان»نى ياردەمچى قىلغان. ئۇلارنىڭ ھەدىسنى بىلىشى كۆپ بولمىغان. چۈنكى، ئۇلار ئەقىدە تېمىلىرىدا ھەدىسنى تۇتمايتتى، ئۇنى ھۆججەت قىلمايتتى.

ئۇلارنىڭ ئەقىلگە تايىنىشى ئۇلارنىڭ ئۆز دەۋرىدە تەرجىمە قىلىنغان ئەقلىي ئىلىملەرنى ئۆگىنىشلىرىگە تۈرتكە بولغان. نەتىجىدە ئۇلار ئاشۇ ئىلىملەرگە ھەسسە قوشقان ۋە شۇ ئىلىملەر ئارقىلىق دەلىلگە دەلىل بىلەن رەددىيە بېرىش، رەقىبلەر بىلەن ئېلىشىش دەرىجىسىگە يەتكەن.

مۇشۇ جەھەتتىن، پەلسەپە بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ كۆپى ئۇلارنىڭ قاتارىغا قوشۇلغان. چۈنكى، ئۇلار مۇئتەزىلەلەرنىڭ قاراشلىرىدا ئۆزلىرىگە ماس كېلىدىغان نەرسىلەرنى كۆرگەن. چۈنكى، مۇئتەزىلەلەرنىڭ قاراشلىرى شۇ قاراشلارغا سايە تاشلايدىغان دىنىي روھنى، شۇ قاراشلارنى تىزگىنلەپ تۇرىدىغان ئاللاھنى پاكلاش ئىدىيەسىنى، ئەقلىي تەشنالىقنى قاندۇرىدىغان پەلسەپەۋى پىكىرلەرنى ئۆزىدە جەملىگەن ئىدى. شۇڭلاشقا، بۇ قاراشلارنىڭ ئەھلىلىرى قاتارىدا نۇرغۇنلىغان قالتىس يازغۇچىلار، كۆزگە كۆرۈنگەن ئالىملار ۋە ئۆتكۈر پەيلاسوپلار بولغان.

[181] ئۈچىنچى: ئۇلار تىل ۋە بايان قۇۋۋىتى ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغان. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا خاتىب ۋە ناتىقلار، مۇنازىرىچىلەر بولغان بولۇپ، بۇ مۇنازىرىچىلەر مۇنازىرە بىلەن شۇغۇللىنىپ، مۇنازىرە ئۇسلۇبلىرى ۋە مۇنازىرە يوللىرىنى پىششىق ئىگىلىگەن، شۇنداقلا رەقىبلەرنى قانداق يىقىتىش، قانداق قايمۇقتۇرۇشنى تەتقىق قىلغان. مەسىلەن، ئۇلارنىڭ چوڭى ھېسابلىنىدىغان ۋاسىل ئىبنى ئەتاﺋ ناتىق ھەم موللا تاپقاق، ھازىرجاۋاب، ئىنكاسى تېز ئىدى. ئۇلارنىڭ شەيخلىرىدىن ھېسابلىنىدىغان ئىبراھىم ئىبنى سەييار نەززام ناھايىتى زەكىي، پاساھەتلىك، تىلى ئۆتكۈر، ئاقىل ھەم شائىر ئىدى. ئەبۇ ئوسمان ئەمر جاھىزمۇ بۇلاردىن بىرى بولۇپ، سابىت ئىبنى قۇررە سابىئىي ئۇ توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: «ئەبۇ ئوسمان جاھىز مۇسۇلمانلارنىڭ خاتىپىدۇر، مۇتەكەللىملەرنىڭ شەيخىدۇر، سۆزمەنلەرنىڭ پېشۋاسىدۇر. ئەگەر ئۇ گەپ قىلىپ قالسا، بالاغەتتە سەھبان(20)غا ئوخشايتتى، مۇنازىرىلەشسە، مۇنازىرىدە نەززامنىمۇ يىقىتىپ قوياتتى. ئۇ ئەرەب تىل – ئەدەبىياتىنىڭ شەيخىدۇر. ئۇنىڭ كىتابلىرى گۈزەل باغچىلاردۇر، ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلىرى مېۋىلىك شاخلاردۇر، ئۇنىڭ بىلەن تالىشىپ باققانلىكى ئادەم ئۇنىڭغا تەسلىم بولاتتى، ئۇنىڭغا چېقىلىپ قالغانلىكى ئادەم ئۆزىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا بويۇن ئېگەتتى».

مۇئتەزىلەلەرنىڭ مۇنازىرىلەردىكى رەقىبلىرى

[182] مۇئتەزىلەلەر مەجۇسىي، ئىككى خۇداچى، جەبرىي ۋە بىدئەتچىلەر بىلەن مۇنازىرە قىلغان، فەقىھ ۋە مۇھەددىسلەر بىلەنمۇ مۇنازىرە قىلغان ھەمدە ئەشئەرىيلەر ۋە ماتۇرىيدىيلەر بىلەنمۇ مۇنازىرە قىلغان. بىز ھازىر ئۇلارنىڭ ھاۋايى – ھەۋەس ۋە بىدئەت ئەھلى بىلەن ۋە كافىرلار بىلەن قىلغان مۇنازىرىلىرى ھەققىدە، «قۇرئان»نىڭ مەخلۇق ياكى مەخلۇق ئەمەسلىكى توغرىسىدا فەقىھ ۋە مۇھەددىسلەر بىلەن قىلغان مۇنازىرىلىرى ھەققىدە سۆزلەيمىز. ئۇلارنىڭ ئەشئەرىيلەر ۋە ماتۇرىيدىيلەر بىلەن قىلغان مۇنازىرىلىرى ھەققىدىكى گەپنى شۇلارنىڭ مەزھەبلىرى توغرىسىدا توختىلىدىغان ۋاقىت كەلگۈچە كېچىكتۈرىمىز.

ئۇلارنىڭ ھاۋايى – ھەۋەس ئەھلى ۋە كافىرلار بىلەن قىلغان مۇنازىرىلىرى

[183] يۇقىرىدا دېگەنىدۇق: ئۇمەۋىيلەر دەۋرىنىڭ ئاخىرى، ئابباسىيلار دەۋرىنىڭ بېشىدا زىندىقلار كۆپىيىپ كەتكەن. قەلبلىرىدە پارسىي دىنلارنى ۋە ئۇندىن باشقا دىنلارنى كۆتۈرۈپ يۈرىدىغان، مۇسۇلمانلارغا ئۆچمەنلىكلىرى بار بىر قىسىم كىشىلەر مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىغا سوقۇنۇپ كىرىۋالغان. ئۇلار بىرەر قېتىم نىقابلىرىنى ئاچسىمۇ، كۆپىنچە چاغلاردا ھېچكىمگە تۇيدۇرماستىن زەھەرلىرىنى چېچىش ئۈچۈن ئىسلام تونىغا ئورىنىۋېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ تەلىماتلىرىنى تارقىتاتتى. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى مۇشۇ شەكىلدە ئىدى. شۇڭا، ئۇلار بەزى كىشلەرنىڭ ئالدىنىپ قالىدىغانلىقى ئۈچۈن ئەڭ ئېغىر ئاپەت ۋە ئەڭ چوڭ خەتەر بولغانىدى. شۇنىڭ بىلەن مۇئتەزىلەلەر كۆكرەك كېرىپ چىقىپ، زىندىقلارنىڭ «ئىسلامغا قارشى تۇرۇۋاتىمىز» دەپ ئويلىغان مەيدانلىرىدا زىندىقلار بىلەن ئېلىشتى. ئاندىن يەنە ئاشكارا ئوتتۇرىغا چىققان ئىككى خۇداچىلار ۋە دەھرىيلەر بىلەن يۈزمۇيۈز ئۇچراشتى. ۋاسىل ئۆزىنىڭ ھەمراھلىرىنى زىندىقلارغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن شەھەر – شەھەرگە چاچتى ۋە ئۆزىمۇ ئىسلامنى قوغدىدى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئىچىدە مانىزمغا رەددىيە بېرىش ئۈچۈن يازغان «ئەلفۇ مەسئەلە (ألف مسألة)» ناملىق بىر كىتاب بار — مانىزم خرىستىيانلىق بىلەن مەجۇسىيلىقنى بىرلەشتۈرگەن بىر پارسىي مەزھەبتۇر — ۋاسىلنىڭ ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىزباسارلىرىمۇ شۇنداق قىلغان.

ئۇلارنىڭ مۇنازىرىلىرى كۈچلۈك دەلىل، قايىل قىلارلىق بايان ۋە پاساھەت بىلەن بولغان بولۇپ، ئۇلار بۇ كۈچنى ئۆزلىرىنىڭ ئىلىملىرىدىن ۋە مۇنازىرە تەجرىبىلىرىدىن ئالغانىدى، ھەتتا ئۇلارنىڭ غەيرى مۇسۇلمانلاردىن بولغان بەزى رەقىبلىرى ئۇلار بىلەن مۇنازىرىلەشكەندىن كېيىن ئىسلامغا كىرگەنىدى. مۇئتەزىلە تارىخچىلىرى: «ئەبۇلھۇزەيل ئەللافنىڭ مۇنازىرىدىكى ئۇستىلىقى ۋە قالتىسلىقىدىن، ئۇنىڭ دەۋىتىنىڭ كۈچلۈك، ئۇلارنىڭ دەۋىتىنىڭ ئاجىز بولغانلىقىدىن، ئۇنىڭ قولىدا ئۈچ مىڭ مەجۇسىي مۇسۇلمان بولغان» دېگەن.

«ئەلئىنتىسار (الانتصار)»دا مۇشۇ مۇنازىرىلەرنىڭ بەزىلىرى رىۋايەت قىلىنغان بولۇپ، شۇنىڭ ئىچىدە بىر مانىي بىلەن بىر مۇئتەزىلە ئوتتۇرىسىدا بولغان مۇنازىرە رىۋايەت قىلىنىدۇ. تېكىستى مۇنداق:

«مانىيلار: ‹ھەق بىلەن يالغان بىر – بىرىگە زىت، راست ياخشىدۇر، ئۇ نۇرنىڭ جۈملىسدىندۇر، يالغان ياماندۇر، ئۇ زۇلمەتنىڭ جۈملىسىدىندۇر› دەپ دەۋا قىلىدۇ. (ئەبۇلھۇزەيلنىڭ شاگىرتى) ئىبراھىم نەززام ئۇلاردىن:

— دەپ بېقىڭلارچۇ، بىر ئادەم بىر گەپ قىلىپ يالغان سۆزلەپتۇ، يالغانچى كىم؟ — دەپ سورايدۇ، ئۇلار:

— زۇلمەت —، دەيدۇ.

ئىبراھىم نەززام:

— ئەگەر ئۇ كىشى شۇنىڭدىن كېيىن يالغان سۆزلىگەن قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىپ، ‹مەن يالغان سۆزلەپ قالدىم، يامان ئىش قىلىپ سالدىم› دېسە، ‹يالغان سۆزلەپ قالدىم›نىڭ دېگۈچىسى كىم؟— دېگەندە، ئۇلار تىڭىرقاپ قېلىپ، نېمە دېيىشنى بىلمەيدۇ. نەززام:

— ئەگەر سىلەر ‹يالغان سۆزلەپ قالدىم، يامان ئىش قىلىپ سالدىم›نىڭ دېگۈچىسى نۇر دەپ دەۋا قىلساڭلار، نۇر يالغان سۆزلىگەن بولىدۇ. ھالبۇكى يالغان يامانلىقتۇر، ئۇ چاغدا نۇردىن يامانلىق سادىر بولغان بولىدۇ. مانا بۇ سىلەرنىڭ سۆزۈڭلارنى ئۆرۈپ تاشلىغۇچىدۇر. ئەگەر سىلەر ‹يالغان سۆزلەپ قالدىم، يامان ئىش قىلىپ سالدىم›نى زۇلمەت دېدى دېسەڭلار، زۇلمەت راست سۆزلىگەن بولىدۇ. ھالبۇكى راست ياخشىدۇر. ئۇ چاغدا زۇلمەتتىن راست ۋە يالغان سادىر بولغان بولىدۇ. ھالبۇكى سىلەرنىڭ ھۆكمىڭلارچە راست بىلەن يالغان ياخشى – يامان دەپ پەرقلىنىدۇ، — دەيدۇ»(21).

بۇ مۇنازىرىدىن بىر ئىنچىكىلىكنى، چوڭقۇرلۇقنى كۆرىمىز. نەززام مۇنازىرىلەشكۈچىنى تار يەرگە قىستاپ مەغلۇب قىلدى.

«سەرھۇل ئۇيۇن»نىڭ مۇئەللىفى مۇشۇ نەززام بىلەن سالىھ ئىبنى ئابدۇلقۇددۇس ئىسىملىك ھەممە نەرسىدىن شەكلىنىدىغان ۋە شەيئىلەرنىڭ ھەقىقەتلىرىنى ئىنكار قىلىدىغان بىر سەپسەتىچى ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتنى ھېكايە قىلىدۇ:

بۇ سەپسەتىچى سالىھنىڭ بىر بالىسى ئۆلۈپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئەبۇلھۇزەيل ئەللاف بىلەن نەززام بىرلىكتە ئۇنىڭ قېشىغا كېلىدۇ. ئۇ چاغدا نەززام كىچىك بىر بالا بولۇپ، خۇددى ئەبۇلھۇزەيل ئەللافنىڭ ئەگەشكۈچىسىدەك ئۇنىڭ كەينىدە يۈرەتتى. ئەبۇلھۇزەيل سەپسەتىچى دوستىنىڭ قاتتىق ئەلەم چېكىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا:

— سېنىڭ نەزەرىڭدە ئىنسانلار زىرائەتتەك تۇرسا، پەرياد چېكىشىڭنىڭ سەۋەبىنى بىلەلمەيۋاتىمەن(22)، — دېگەندە، سالىھ:

— ئەي ئەبۇلھۇزەيل! مەن پەقەت بالامنىڭ «شەك» دېگەن كىتابنى ئوقۇماي كېتىپ قالغانلىقىغا پەرياد چېكىۋاتىمەن، — دەيدۇ. ئەبۇلھۇزەيل:

— ئۇ نېمە كىتاب؟ — دېسە، سالىھ:

— ئۇ مەن تۈزگەن بىر كىتاب بولۇپ، ئۇنى ئوقۇغان ئادەم يۈز بېرىپ بولغان ئىشلارنىڭمۇ يۈز بەرگەنلىكىدىن شەكلىنىدۇ، — دەيدۇ. نەززام:

— ئەمىسە، سەنمۇ بالاڭنىڭ ئۆلگەنلىكىدىن شەكلىنىپ، بالاڭ ئۆلگەن بولسىمۇ، ئۆلمىدى دەپ ئىشىڭنى قىلىۋەر، بالاڭ شۇ كىتابنى ئوقۇمىغان بولسىمۇ، سەن ئوقۇدى دەپ شەكلىنىۋەر، — دەيدۇ.

بۇ ئاخىرقى قىسسە ۋە ئۇنىڭ ئوخشاشلىرى مۇئتەزىلەلەرنىڭ نەزەر دائىرىسىنىڭ كەڭرى ۋە كۆكسى – قارنىنىڭ كەڭرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار كۆكسى – قارنى كەڭ بولغانلىقتىن، ئۆزلىرى بىلەن دەتالاش قىلىۋاتقان غەيرى مۇسۇلمانلار بىلەن ياكى ئۆزلىرى ئازغۇنلۇقلىرىنى توختاتماقچى بولغان ئازغۇنلار بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورناتقان. ئەنە شۇ ئالىملارنىڭ ئەخلاقى بولۇپ، ئالىملار غەيرىي ئېتىقادتىكىلەرنى ئاللاھنىڭ توغرا يولغا باشلاپ قېلىشى ئۈچۈن، كۆكسلىرىنى ئۇلار بىلەن دوستلىشىشقا كەڭرى تۇتىدۇ.

[184] بىز بۇ يەردە مۇئتەزىلەلەر بىلەن زىندىقلار ۋە مۇرتەدلەر ئارىسىدا بولغان مۇنازىرىلەرنى تىلغا ئالماستىن ئۆتەلمەيمىز. شۇ مۇنازىرىلەرنىڭ بەزىسىگە قۇلاق سېلىڭ!

مەئمۇننىڭ خۇراسانلىق بىر مۇرتەد بىلەن قىلغان مۇنازىرىسى

[185] (خەلىفە) مەئمۇن مۇئتەزىلە دەپ قارىلىدۇ. شۇ جەھەتتىن، ئۇ مۇئتەزىلەلەر ھەققىدە «دوستلىرىمىز» دەپ گەپ قىلاتتى. شۇڭا، ئۇنىڭ مۇنازىرىلىرى ئۇلارنىڭ مېتودى بويىچە بولغان. ئۇنىڭ دەۋرىدە بىر خۇراسانلىق مۇرتەد بولغاندىن كېيىن، مەئمۇننىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈلگەن. ئاندىن مەئمۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۆۋەندىكىدەك مۇنازىرە بولغان:

مەئمۇن ئېيتتى: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن ئۈچۈن سېنى ھەقلىق ئۆلتۈرگىنىمدىن سېنى ھەقلىق ھايات قالدۇرغىنىم ئەۋزەلدۇر، ساڭا گۇناھ ئارتقىنىمدىن سېنى بىگۇناھ دەپ قويۇپ بەرگىنىم ئەۋزەلدۇر. سەن ناسارا بولغىنىڭدىن كېيىن مۇسۇلمان بولغانىدىڭ ۋە ئۇزۇن كۈنلەر شۇ ھالەتتە تۇرغانىدىڭ. سەن كۆنگەن بۇ ھالىتىڭدىن ياتسىنىپ، ئاز ئۆتمەي بىزنىڭ ئارىمىزدىن ئايرىلىپسەن ۋە ناتونۇش بولۇپ قاپسەن. بىزگە دەپ بەرگىن، سېنى كونا ئۈلپىتىڭ بولغان نەرسىدىن نېمە ياتسىراتتى؟ ئەگەر بىزدىن كېسىلىڭگە داۋا تاپالاپ قالساڭ، شۇنىڭ بىلەن داۋالىنارسەن، بىمار دېگەن تېۋىپلارنىڭ مەسلىھەتىگە موھتاج بولىدۇ. ئەگەر سەن بىزدىن داۋا تاپالماي، شىپاسىز قالساڭ، ئۆزرىلىك بولغان بولىسەن ۋە ئۆزۈڭگە بىر ئەيىب كەلتۈرمىگەن بولىسەن. ئەگەر بىز سېنى ئۆلتۈرسەك، شەرىئەتنىڭ ھۆكمى بىلەن ئۆلتۈرىمىز ياكى سەن قايتا ئويلىنىپ ئۆزۈڭگە قايتارسەن».

مۇرتەد ئېيتتى: «ئاراڭلاردىكى ئىختىلاپنىڭ كۆپلۈكى مېنى ياتسىراتتى».

مەئمۇن ئېيتتى: «بىزنىڭ ئىككى خىل ئىخىتىلاپىمىز بار. بىرى، ئەزان ۋە جىنازا تەكبىرى، تەشەھھۇد، ھېيت نامىزى، تەشرىق تەكبىرى، پەتۋا شەكىللىرى ۋە شۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئىشلاردىكى ئىختىلاپ. ئەسلىدە بۇ ئىختىلاپ ئەمەس، بەلكى تاللاش ئىختىيارلىقى بېرىش، كەڭ قىلىش، مۇشەققەتنى يېنىكلىتىشتۇر. ئەزاننى جۈپ ئېيتقان، تەكبىرنى جۈپ ئېيتقان ئادەم ئارتۇق كۆرۈلمەيدۇ، ئەزاننى جۈپ ئېيتقان، تەكبىرنى تاق ئېيتقان ئادەم گۇناھ قىلغان بولمايدۇ، ئىككىلى تەرەپ بىربىرىنى ئەيىبلەشمەيدۇ ۋە تىللاشمايدۇ. سەن بۇنى ئەينەن كۆرۈۋاتىسەن ۋە ئۇنىڭغا ئوچۇق شاھىد بولۇۋاتىسەن. يەنە بىر ئىختىلاپ كىتابىمىزدىكى ئايەتنى ئىزاھلاش ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىسىنى ئىزاھلاش ھەققىدىكى ئىختىلاپلاردۇر، ئەمما ھەممىمىز «قۇرئان»نىڭ ئەسلىگە بىردەكمىز، ھەدىسنىڭ ئەينىگە ئىتتىپاقمىز. ئەگەر سېنى ياتسىرىتىپ، بۇ كىتابنى ئىنكار قىلىشىڭغا تۈرتكە بولغان نەرسە مۇشۇ بولسا، ئۇنداقتا «تەۋرات» ۋە «ئىنجىل»نىڭ نازىل بولغانلىقى بىرلىككە كېلىنگەن بولغاندەك، پۈتۈن «تەۋرات» ۋە «ئىنجىل»دىكى سۆزلەرنىڭ ئىزاھىمۇ بىرلىككە كېلىنگەن بولۇشى، ناسارالار بىلەن يەھۇدىيلەر ئارىسىدا ئىزاھلارنىڭ ھېچبىرىدە ئىختىلاپ بولماسلىقى لازىم بولىدۇ، سېنىڭ پەقەت كەلىمەلىرىنىڭ ئىزاھىدا ھېچقانداق ئىختىلاپ يوق بىر تىلغا مۇراجىئەت قىلىشىڭغا توغرا كېلىدۇ. ئەگەر ئاللاھ ئۆزىنىڭ كىتابلىرىنى، پەيغەمبەرلىرىنىڭ سۆزلىرىنى ۋە پەيغەمبەرلىرىنىڭ ۋارىسلىرىنىڭ سۆزلىرىنى ھېچبىر تەفسىر (ئىزاھلاش) گە موھتاج بولمايدىغان قىلىشنى خاھلىسا ئىدى، چوقۇم شۇنداق قىلغان بولاتتى، لېكىن كۆرۈۋاتىمىزكى، دىن ۋە دۇنيادىن ھېچنېمە بىزگە توپتولۇق بېرىلگەن ئەمەس. ناۋادا ئىش شۇنداق بولسا ئىدى، ئىمتىھان ۋە سىناق ساقىت بولغان بولاتتى، مۇسابىقە ۋە رىقابەت يوقىغان بولاتتى، يۇقىرى – تۆۋەنلىك بولمايتتى. ھالبۇكى ئاللاھ دۇنيانى بۇنىڭ ئۈچۈن ياراتمىغان».

مۇرتەد ئېيتتى: «گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، ئاللاھ بىردۇر، ئۇنىڭ تەڭدىشى ۋە بالىسى يوقتۇر، مەسىھ ئۇنىڭ بەندىسىدۇر، مۇھەممەد راستچىلدۇر، سەن ھەقىقەتەن مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرىدۇرسەن».

ئافشىننىڭ سوتلىنىشى

[186] بىز بۇ يەردە بۇ سوتلاشنىڭ بايانىنى ئىبنى جەرىرنىڭ تارىخىدا كەلگەن پېتى كەلتۈرىمىز. چۈنكى، ئۇ ئىسلام دۈشمەنلىرىنىڭ ئىسلامغا قارشى پىلانلىغان سۇيىقەستلىرىنى تەسۋىرلەپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ سوتلاشقا مەسئۇل بولغانلار مۇئتەزىلەلەردۇر. ئومۇمەن بۇ سوت دۆلەتتە قوماندانلىق مەرتىۋىسىگە ئۇلاشقان، شۇنداق تۇرۇپ، كۆڭلىگە كۇفۇرنى ئىزچىل يوشۇرغان، قىلغان ئەمەلى (كۇفۇرلۇقىنى) پاش قىلىپ قويسىمۇ، تىلىدا ئاشكارىلىمىغان بىر ئادەمنىڭ ھالىنى ئېچىپ بېرىدىغان بىر مۇنازىرە بولغانىدى.

سوتلاشنىڭ بايانىنى كەلتۈرۈشتىن ئاۋۋال زىندىقلىق ھەققىدە ئازراق توختىلىمىز. زىندىقلىق ئىسلام دىيارلىرىدىن ئىبارەت شەرقتە پارس پادىشاھلىقى قۇرۇشنى كۆزلىگەن پارسىي جامائەتلەر ئارىسىدا، شۇنداقلا ئىسلام دۆلىتى ئىچىدە ئۆزلىرىنىڭ دىنىي پرىنسىپلىرىنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئويلىغان بۇتپەرەسلەر ئارىسىدا مەخپىي تارقالدى. ئىسلام ئۆرۈپ تاشلىغان بۇ دۆلەتلەرنىڭ قالدۇقلىرى ئىسلامنىڭ نۇرىنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشتى. ئۇلار كۈچ ئارقىلىق كونا پادىشاھلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن ئاجىز كەلگەنىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىسلامنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبلىرىدىكى كۈچىنى ئاجىزلىتىپ، كونا دىنلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئۇنى تارقىتىشقا ھەرىكەت قىلدى. مەسىلەن، پارسلار خرىستىيان ئەقىدىسى بىلەن مەجۇسىي ئەقىدىسىدىن ۋە ئازراق بەزى ھىندىي قاراشلىرىدىن يۇغۇرۇلغان مانىي ئەقىدىسىنى تارقىتىشقا ھەرىكەت قىلدى، شۇنداقلا يەنە مەجۇسىيلىقنى تەشكىل قىلغان ۋە باردايسان (Bardaisan، م. 154 – 222)، ماركىئون (Marcion، تەخمىنەن م. 95 – 160) ۋە ئۇلاردىن باشقىلارنىڭ ئىدىيەلىرىگە چاقىرىدىغان زەردۇشت قاراشلىرىنى تارقىتىشقا ھەرىكەت قىلدى. ئۇلار يەنە مال ۋە ئاياللارنىڭ ئورتاق مۈلۈك ئىكەنلىكى، ھېچنەرسىنىڭ ھېچكىمگە خاس بولمايدىغانلىقىنى نىشان قىلىدىغان «مەزدەك» ئىدىيەسىنى تىرىلدۈرۈشكە يۈزلەندى. ئۇلار ئۇشبۇ ئىدىيە پارس دىيارىدا تارقىغان چاغدا ئۇ يەرلەرنى خارابلاشتۇرغاندەك، بۇ ئارقىلىق ئىسلام دۆلىتىنى خارابلاشتۇرۇشنى كۆزلىدى. بابەك خۇررەمى ئىسىملىك بىرى پەيدا بولۇپ، مەزدەكلىككە چاقىردى ۋە ئۇنى تارقاتتى. ئۇ مەئمۇننىڭ دەۋرىدە پەيدا بولغاچقا، مەئمۇن ئۇنىڭغا قىلىچى بىلەن قارشى تۇردى، ئۇنىڭ پىكرىگە مۇنازىرە بىلەن قارشى تۇردى. ئۇشبۇ مۇنازىرە ھەرىكىتىگە ئۇ ئۆزى دۆلەتتە ھوقۇق تۇتقان مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلمەلىك زەييات، ئەھمەد ئىبنى ئەبۇ دۇئاد ۋە باشقىلاردەك، ياكى دۆلەتتە ھوقۇق تۇتمىغان بىشر ئىبنى مۇئتەمىر، جەئفەر ئىبنى مۇبەششىر، جاھىز ۋە باشقىلاردەك مۇئتەزىلەلەرنىڭ چوڭلىرى ھېسابلىنىدىغان مۇئتەزىلە دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە يېتەكچىلىك قىلدى.

مەئمۇن (ئۆلەر چېغىدا) قېرىندىشى مۇئتەسىمغا ئۆزىدىن كېيىن بابەك خۇررەمىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىگە ئۇرۇش ئېچىشنى ۋەسىيەت قىلدى. مۇئتەسىم ۋەسىيەتنى ئىجرا قىلىپ، بۇ بابەك ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئەڭ سەرخىل سەركەردىلىرىدىن بىرىنى ئاجراتتى. ئۇ ئافشىن ئىدى. بۇ ئافشىن بابەك بىلەن ئۇرۇشۇپ، ئۇنى يوقاتتى.

قىزىقارلىقى، بۇ ئافشىن مۇئمىن ئەمەس ئىدى، بەلكى تېشىدا ئىسلامنى ئاشكارىلاپ قويۇپ، ئىسلامدىن بۇرۇن كۆپىنچە سەمەرقەندلىكلەرنىڭ دىنى بولغان بۇتپەرەسلىكنى ئىچىدە يوشۇرغان. ئۇ غەلىبە قىلغىنىدىن كېيىن سوتقا تارتىلغانىدى. ئۇنىڭ بۇ سوتىغا مۇنازىرىلىشىش ۋە زاكونلىشىشقا ئۇستا ئىككى مۇئتەزىلە كىشى مەسئۇل بولدى. ئۇشبۇ سوت «تارىخۇ تەبەرىي»دە تۆۋەندىكىدەك بايان قىلىنغان: (23)

[187] ئافشىن كەلتۈرۈلدى. ئۇ تېخى قاتتىق ھەپسىدە بولمىغانىدى. ئافشىننى قىلمىشى تۈپەيلى مات قىلىش ئۈچۈن، بىر قىسىم يۈز – ئابرۇيلۇق كىشىلەر ھازىر قىلىندى ۋە مەرتىۋە ئىگىلىرىنىڭ ھەممىسى كەلتۈرۈلدى. ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرىلەشكۈچى مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلمەلىك زەييات ئىدى. ھازىر قىلىنغانلار: تەبەرىستان ۋالىيسى مازيار، مۇبەز (مەجۇسىي دىن ئادىمى)، سوغد پادىشاھلىرىدىن بىرى بولغان مەرزۇبان ئىبنى تۈركەش ۋە سوغدلۇق ئىككى كىشى ئىدى. ئاندىن ئابدۇلمەلىك ھېلىقى ئىككى كىشىنى چاقىردى، ھالبۇكى ئۇلارنىڭ ئۈستىدە جۇل – جۇل كىيىملەر بار ئىدى.

مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلمەلىك ئۇ ئىككىسىگە:

— سىلەرگە نېمە بولدى؟ — دېۋىدى، ئۇلار دۈمبىلىرىنى ئېچىپ كۆرسەتتى، ھالبۇكى ئۇلارنىڭ دۈمبىلىرى (تىتىلىپ) گۆشتىن خالىي قالغان ئىدى. مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلمەلىك ئافشىنغا:

— بۇ ئىككىسىنى تونۇمسەن؟ — دېۋىدى، ئافشىن:

— ھەئە! بۇ مۇئەززىن، بۇ ئىمام، ئىككىسى ئۇشرۇسانا((24)دا بىر مەسجىد قۇرغان. مەن ھەربىرىنى مىڭ قامچا ئۇردۇم. چۈنكى، مەن بىلەن سىند پادىشاھى ئارىسىدا ھەر قەۋمنى ئۆزىنىڭ دىنى ۋە ئۆز ھالىتىدە قالدۇرۇش توغرىسىدا ئەھدەم بار ئىدى. بۇ ئىككىسى ئۇشرۇسانالىقلارنىڭ بۇتلىرى بار بىر ئۆيگە ھۇجۇم قىلىپ، بۇتلارنى چىقىرىپ تاشلاپ، ئۇ ئۆينى مەسجىد قىلىۋاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مەن ئىككىسىنى تاجاۋۇزچىلىق قىلغانلىقى ۋە قەۋم بىلەن تۈزۈشكەن ئەھدىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن مىڭ قامچا ئۇردۇم، — دېدى. مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلمەلىك ئېيتتى:

— يېنىڭدا سەن ئالتۇن، جەۋھەر ۋە يىپەك بىلەن بېزىۋالغان، ئىچىدە ئاللاھقا كۇفۇرلۇق بار بىر كىتاب بارمىش، ئۇ راستمۇ؟

— بۇ دادامدىن قالغان بىر كىتاب، ئۇنىڭدا پارس ئەدەبىياتلىرىدىن ئۆرنەكلەر بار. سەن دېگەن ئۇنىڭدىكى كۇفۇرلۇققا كەلسەك، مەن ئۇنىڭ ئەدەبىيات تەرىپىدىن پايدىلىنىمەن، قالغىنى بىلەن كارىم يوق. مەن ئۇنى ئاشۇنداق بېزەكلىك ھالەتتە تاپقان. ئۇنىڭ ئالتۇن – بېزەكلىرىنى ئېلىشقا ھاجىتىم چۈشمىگەچكە، ئۇنى ئۆز پېتى قويدۇم. ئۇ سېنىڭ ئۆيۈڭدىكى «كەلىلە ۋە دېمنە»دەك ۋە «مەزدەك»تەك بىر كىتاب. مەن بۇلارنى ئىسلامدىن چىقىرىدۇ دەپ ئويلىمىدىم، — دېدى ئافشىن. ئاندىن مۇبەز ئالدىغا چىقىپ ئېيتتى:

— بۇ بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋاننى يەيدۇ، مېنىمۇ يېيىشكە زورلايدۇ ۋە ئۇ خىل ھايۋاننىڭ گۆشىنى بوغۇزلاپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋاننىڭ گۆشىدىن تەملىكرەك دەپ قارايدۇ. ئۇ ھەر چارشەنبە كۈنى بىر قارا قوينى ئوتتۇرىدىن قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرىدۇ، ئاندىن قوينىڭ ئىككى پارچىسى ئوتتۇرىسىدىن ماڭىدۇ ۋە گۆشىنى يەيدۇ. بىر كۈنى ئۇ ماڭا دېدىكى: ‹بۇ خەقنىڭ مەن يامان كۆرىدىغان ھەممە نەرسىسىنى قوبۇل قىلدىم، ھەتتا ياغنىمۇ يېدىم، تۆگىگىمۇ مىندىم، كەشمۇ كىيدىم، ئەمما مۇشۇ چاغقىچە مېنىڭ بىر تال تۈكۈممۇ چۈشمىدى (يەنى ئۆزىنىڭ خەتنە قىلىنمىغانلىقىنى دېمەكچى)›.

— ئېيتقىنە، بۇ گەپنى دەۋاتقان بۇ ئادەم دىيانىتى جەھەتتىن ئىشەنچلىكمۇ؟ — دېدى ئافشىن (مۇبەز تېخى ئۆزىنىڭ مەجۇسىيلىقىدا ئىدى، ئۇ كېيىن مۇتەۋەككىلنىڭ دەۋرىدە مۇسۇلمان بولغان).

— ياق! — دېيىشتى ئۇلار.

— سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلار ئىشەنمەيدىغان ۋە ئادىل دەپ كۆرمەيدىغان ئادەمنىڭ گۇۋاھلىقىنى قوبۇل قىلغىنىڭلار نېمىسى؟ — دېدى ئافشىن ۋە مۇبەزگە قاراپ:

— مېنىڭ ئۆيۈم بىلەن سېنىڭ ئۆيۈڭنىڭ ئوتتۇرىسىدا سەن مېنى كۆرۈپ تۇرىدىغانغا بىرەر ئىشىك ياكى بىرەر دېرىزە بارمۇ؟ — دېۋىدى، ئۇ:

— ياق! — دېدى. ئافشىن:

— مەن سېنى ئۆيۈمگە كىرگۈزۈپ، ساڭا سىرىمنى بېرىپ، ساڭا پارسچە پارس تىلىغا ۋە پارسلارغا مەيلىم بارلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ — دېۋىدى، ئۇ:

— ھەئە! سۆزلەپ بەرگەن، — دېدى. ئافشىن:

— سەن دىيانەت جەھەتتە ئىشەنچلىك ئەمەس ئىكەنسەن ۋە ئەھدەڭگە ۋاپادارمۇ ئەمەس ئىكەنسەن. چۈنكى، سەن مەن يوشۇرۇنچە ئېيتىپ بەرگەن سىرنى پاش قىلىۋەتتىڭ، — دېدى. ئاندىن مۇبەز چېكىنىپ، مەرزۇبان ئىبنى تۈركەش ئالدىغا چىقتى. ئۇلار ئافشىنغا:

— بۇنى تونۇمسەن؟ — دېۋىدى، ئافشىن:

— ياق! — دېدى. ئۇلار مەرزۇبانغا:

— سەن بۇنى تونۇمسەن؟ — دېۋىدى، ئۇ:

— ھەئە! بۇ ئافشىن، — دېدى. ئۇلار ئافشىنغا:

— بۇ مەرزۇبان، — دېدى. مەرزۇبان:

— ھەي يالغانچى! سەن ئۆزۈڭنى قانداق قوغدايسەن ئەمدى؟ قانداق ساختىپەزلىك قىلالايسەن؟ — دېدى. ئافشىن:

— نېمە دەيسەن ئۇزۇن ساقال؟ — دېدى. مەرزۇبان:

— مەملىكىتىڭدىكى كىشىلەر ساڭا قانداق خەت يازىدۇ؟ — دېدى. ئافشىن:

— بۇرۇن دادام ۋە بوۋامغا يازغاندەك (يازىدۇ شۇ)، — دېدى. مەرزۇبان:

— ئېيتە! — دېدى. ئافشىن:

— ئېيتمايمەن، — دېدى. مەرزۇبان:

— ئۇلار ساڭا (ئۇشرۇساناچە) مۇنداق، مۇنداق خەت يازىدۇغۇ؟ — دېدى. ئافشىن:

— شۇنداق! — دېدى. مەرزۇبان:

— ئۇنىڭ ئەرەبچە يېشىمى «پالانچىنىڭ ئوغلى پالانچى بەندىدىن ئىلاھقا» ئەمەسمۇ؟ — دېدى. ئافشىن:

— شۇنداق! — دېدى.

مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلمەلىك:

— مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىگە بۇنداق دېيىلىشنى راۋا كۆرمەيدۇ. «مەن سىلەرنىڭ ئەڭ ئۈستۈن پەرۋەردىگارىڭلار» دېگەن فىرئەۋندىن نېمە پەرقىڭ قالدى سېنىڭ؟ — دېدى. ئافشىن:

— قەۋمنىڭ ئادىتى مۇشۇنداق. ئۇلار دادام ۋە بوۋامغىمۇ ھەمدە مەن مۇسۇلمان بولۇشتىن ئىلگىرى ماڭىمۇ شۇنداق گەپ قىلاتتى. مەن ئۆزۈمنى ئۇلارنىڭ ئالدىدا تۆۋەنگە چۈشۈرۈشنى، نەتىجىدە ئۇلارنىڭ ماڭا بولغان ئىتائىتىنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىنى خاھلىمىدىم، — دېدى.

شۇئان، ھازىر كىشىلەردىن ئىسھاق ئىبنى ئىبراھىم ئىبنى مۇسئەب ئۇنىڭغا:

— ئى ھەيدەر (يەنى ئافشىن)! سەن فىرئەۋن دەۋا قىلغان نەرسىنى دەۋا قىلىپ تۇرۇپ، قانداقمۇ ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىسەن؟ قەسەم قىلساڭ، ساڭا ئىشەندۇق، قەسىمىڭگە ئىشەندۇق ۋە ساڭا مۇسۇلمانلارنىڭ ئورنىدا مۇئامىلە قىلدۇق، — دېدى.

ئاندىن تەبەرىستان ۋالىيسى مازيار ئالدىغا چىقتى.

ئۇلار ئافشىنغا:

— بۇنى تونۇمسەن؟ — دېۋىدى، ئافشىن:

— ياق! — دېدى. ئۇلار مازيارغا:

— بۇنى تونۇمسەن؟ — دېۋىدى، مازيار:

— ھەئە! بۇ ئافشىن، — دېدى. ئۇلار ئافشىنغا:

— بۇ مازيار بولىدۇ، — دېۋىدى، ئافشىن:

— ئەمدى تونۇدۇم، — دېدى. ئۇلار:

— سەن ئۇنىڭ بىلەن خەت يېزىشقانمۇ؟ — دېۋىدى، ئافشىن:

— ياق! — دېدى. ئۇلار مازيارغا:

— ئۇ ساڭا خەت يازغانمۇ؟ — دېۋىدى، مازيار دېدىكى:

— ھەئە! ئۇنىڭ قېرىندىشى خاشىن مېنىڭ قېرىندىشىم قۇھيارغا: «بۇ ئاق دىنغا مەن ۋە سەندىن باشقا، يەنە بابەكتىن باشقا ھېچكىم ياردەم قىلماس بولدى. بابەك بولسا ئۆزىنىڭ ھاماقەتلىكى بىلەن ئۆزىنى ئۆلتۈردى. مەن ئۇنىڭ ئۆلۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن كۆپ تىرىشتىم، ئۇ ئۇنىماي ئاخىرى بېشىنى يېدى. ئەگەر سەن قارشى چىقساڭ، بۇلارنىڭ ساڭا قارشى ئەۋەتىدىغان ئادىمى مەن بولىمەن، چەۋەندازلار ۋە باتۇرلار مەن بىلەن بىرگىدۇر. ئەگەر ساڭا مەن ئەۋەتىلىپ قالسام، بىز بىلەن ئۇرۇشقۇدەك ھېچكىم قالمايدۇ، قالىدىغىنى پەقەت ئۈچ: ئەرەبلەر، بەربەرلەر ۋە تۈركلەر. ئەرەب ئىتنىڭ ئورنىدا، بىر پارچە نان تاشلاپ بېرىپ، توقماق بىلەن بېشىغا ئۇرساڭ بولىدۇ. بۇ چىۋىنلەر (يەنى بەربەرلەر) بىر ئوچۇملا خەقتۇر، شەيتاننىڭ بالىلىرى (يەنى تۈركلەر) بولسا، ئۇلارنىڭ ئازغىنە ۋاقىتتىلا ئوقلىرى تۈگەيدۇ، ئاندىن سەن ئاتلىقلىرىڭ بىلەن بىرلا ھۇجۇم قىلساڭ، ئۇلارنى يوقىتىپ تاشلىيالايسەن، شۇنىڭ بىلەن دىن پارسلارنىڭ زامانىدىكى ئەسل ھالىتىگە قايتىدۇ» دەپ يېزىپتىكەن.

ئافشىن ئېيتتى:

— بۇ ئۆزىنىڭ قېرىندىشى ئۈستىدىن ۋە مېنىڭ قېرىندىشىم ئۈستىدىن بىر دەۋادا بولۇۋاتىدۇ، بۇ دەۋا مېنىڭ ئۈستۈمگە چۈشمەيدۇ. ئەگەر ئۇنى ئۆزۈمگە تارتىش ۋە ئۆزۈمگە ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن، خەتنى مەن يازغان بولساممۇ، يامان ئىش بولمايتتى. چۈنكى، خەلىفەگە كۈچ بىلەن ياردەم بەرگىنىمدەك، ھىيلە – چارە بىلەنمۇ ياردەم بېرەتتىم. بۇ چارە بىلەن ئۇنى گەردىنىدىن تۇتۇپ، خەلىفەنىڭ ئالدىغا كەلتۈرەتتىم ۋە ئابدۇللاھ ئىبنى تاھىر قازانغاندەك مەنمۇ خەلىفەنىڭ ئېتىبارىنى قازانغان بولاتتىم.

ئاندىن مازيارمۇ ئارقىغا چېكىندى.

ئافشىن مەرزۇبان تۈركەشكە دېگەنلىرىنى دەپ بولغاندىن كېيىن ۋە ئىسھاق ئىبنى ئىبراھىممۇ دېگەنلىرىنى دەپ بولغاندىن كېيىن، ئىبنى ئەبۇ دۇئاد ئافشىنغا قوپال تېگىۋېدى، ئافشىن:

— ئى ئەبۇ ئابدۇللاھ! سەن شۇنداق بىر ئادەمسەنكى، شارپاڭنى قولۇڭغا ئېلىپ بوينۇڭغا تاقىغۇچە ئارىلىقتا بىر توپ ئادەمنى ئۆلتۈرۈۋېتىسەن، — دېدى. ئىبنى ئەبۇ دۇئاد ئېيتتى:

— خەتنەڭ قىلىنغانمۇ سېنىڭ؟

— ياق!

— سەن ئىسلامغا كىرىپ تۇرۇپ، نېمىشقا خەتنەڭنى قىلمىدىڭ؟

— ئىسلام دىنىدا تەقىييە (ساقلىنىش) دەپ بىرنەرسە يوقمۇ؟

— بار!

— ئاشۇ ئەزانىڭ تېنىمدىن كېسىۋېتىلىپ، ئۆلۈپ كېتىشىمدىن قورقتۇم.

— (جەڭدە) ساڭا نەيزىلەر سانجىلىدۇ، قىلىچلار ئۇرۇلىدۇ، بۇ سېنى جەڭدە بولۇشتىن توسۇپ قالالمايدۇ – يۇ، كىچىككىنە بىر تېرە پارچىسىنىڭ كېسىلىشىگە چىدىمامسەن؟

— ئۇرۇش مەن خاھلىماي بولىدىغان بىر زۆرۈرىيەت، بولۇپ قالسا سەۋر قىلىمەن. ئەمما، بۇ مەن خاھلاپ قىلىدىغان بىر ئىش، (بۇنى قىلغاندا) جېنىمنىڭ چىقىپ كېتىشىدىن خاتىرجەم بولالمايمەن ھەمدە بۇنى قىلمىسا ئىسلامدىن چىقىپ كېتىدۇ، دەپ بىلمەيدىكەنمەن.

— ئەمدى ئۇنىڭ ئىشىنىڭ ھۆكمى ئايدىڭلاشتى، — دېدى ئىبنى ئەبۇ دۇئاد. ئاندىن ئۇ ھەپسىگە بۇيرۇلۇپ، ھەپسىگە ئېلىندى.

[188] مانا بۇ ئافشىننى سوتلاش ۋە ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرىلىشىش قىسسەسىدۇر. ئۇشبۇ قىسسە مۇئتەزىلەلەرنىڭ گۇمراھلىق ۋە ئازغۇنلۇق بىلەن قارىلانغان ھەربىر كىشىدىن ھېساب ئېلىپ قانداق پوزىتسىيە تۇتقانلىقىنى تەسۋىرلەپ بېرىدۇ. قىسسە يەنە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ تېشىدا ئىسلامغا كىرىپ قويۇپ، ئىچىدە كۇفۇرلۇقنى يوشۇرۇشتىن ئىبارەت شۇ دەۋرنىڭ ھالىنى تەسۋىرلەپ بېرىدۇ. ئەگەر ئافشىنغا ئارتىلغان قارىلاشلار توغرا بولسا، شۈبھىسىزكى، بۇ ھال قەلبلىرى كېسەل ئاشۇ كىشىلەرنىڭ ئىچىدە كۈچ ۋە قوماندانلىق دەرىجىسىگە يەتكەنلەرنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

سوت نېمىلەرنى كۆرسىتىدۇ؟

شۈبھىسىزكى، ئافشىنغا ئارتىلغان قارىلاشلارغا نىسبەتەن سوت بىزگە مۇنداق ئۈچ ئىشنى كۆرسىتىدۇ.

بىرىنچىسى: شۇنىڭدا شەك يوقكى، ئافشىننىڭ قەلبىگە ئىمان كىرمىگەن بولۇپ، ئۇ باتۇر ۋە كۈچلۈك بىر ئەسكەر ئىدى، ئاللاھقا ئىشەنمىگەندەك، بۇتلارغىمۇ ئىشەنمەيتتى. شۇڭا، ئۇنىڭ ھىممىتى پەقەت دۆلەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىرىگە يېتىش بولغان. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭغا بابەك خۇررەمىنى ئۆلتۈرۈش ۋەزىپىسى تاپشۇرۇلغاندا، خەلىفەگە يېقىنلىشىش ئۈچۈن، ئىككىلەنمەي ئۇنى يوق قىلغان.

ئىككىنچىسى: بابەك خۇررەمىنىڭ غەلىبە قىلىشىنى مۇھىم بىلگەن كىشىلەرنى ئافشىننىڭ قىلىقى ئاچچىقلاندۇرۇپ قويغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنى چېقىپ، ئۇنىڭ ئىشىنى ئاشكارىلىۋەتكەن. جىمى گۇۋاھچىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ بۇددا دىنىدا قالغان كىشىلەر ئىكەنلىكى بىزگە مۇشۇنى چۈشەندۈرىدۇ. چۈنكى، ئوقۇرمەن چوقۇم مۇنداق سورايدۇ: «بۇلارنىڭ گەپلىرىدىن ئاشكارا بولغىنىدەك، ئۇلار ئىسلام دىنىغا قارشى بولغان ئۆزلىرىنىڭ دىنىنى چىڭ تۇتىدىغان تۇرسا ۋە ئافشىنمۇ كۆرۈنۈشتە ئىسلامغا كىرىپ قويغان تۇرسا، نېمە ئۈچۈن بۇلار ئۇنىڭ زىيىنىغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ؟»

ئۈچىنچىسى: ئافشىن ئەرەبلەرگە ئۆچمەنلىك قىلاتتى ۋە قاتتىق قول، ياۋۇز ئىدى. ئۇنداق بولمىسا ئىدى، مۇئەززىننى ۋە ئىمامنى پەقەت ئادىمىيلىك ۋە ئىماندىن يىراقلىغان ئادەمدىنلا سادىر بولىدىغان ئۇنداق ئېغىر جازا بىلەن جازالىماس ئىدى.

«قۇرئان»نىڭ مەخلۇق ياكى مەخلۇق ئەمەسلىكى مەسىلىسى

[189] «قۇرئان»نىڭ مەخلۇق ياكى مەخلۇق ئەمەسلىكى مەسىلىسى مۇئتەزىلەلەرنىڭ تارىخىغا زىچ باغلىنىپ كەتكەن. ئۇلار تىلغا ئېلىنسىلا، زېھىنگە ئاشۇ مەسىلە كېلىدۇ. چۈنكى، ئۇلار ئابباسىيلار دەۋرىدە شۇ مەسىلىنى قوزغاپ چىقارغان. ئۇلارنىڭ پىكرى بىلەن ئابباسىي خەلىفەسى فەقىھ ۋە مۇھەددىسلەرنى ئۇ مەسىلىنى قوبۇل قىلىشقا زورلىغان ۋە ئاشۇ فۇقەھائنىڭ بەزىسىگە قاتتىق ئەزىيەتلەرنى بەرگەن. بۇ مەسىلە ئابباسىي خەلىفەلىرىدىن مەئمۇن، مۇئتەسىم ۋە ۋاسىقتىن ئىبارەت ئۈچ خەلىفەنىڭ دەۋرلىرىدىكى ئومۇمىي كىشىلەرنىڭ پىكىرلىرىنى مەشغۇل قىلغان بولۇپ، ئۇ دەۋرلەردە كۆڭۈللەر ۋە ئەقىللەر داۋالغۇغان، ئېتىقاد ئەركىنلىكى چەيلەنگەن؛ سۆزلىرىدە پەرھىزكار بولۇپ، ئىلمىدە نەسنىڭ تۈۋىدە تۇرغانلار قاتتىق ئەزىيەتكە ئۇچرىغان، ھالبۇكى ئۇلارنىڭ پىكىر قايناملىرى ۋە ئەقىل قىڭغىرلىقلىرى ئىچىدە ئېزىپ كېتىشتىن قورقۇپ، ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىدە چىڭ تۇرۇشتىن باشقا گۇناھى يوق ئىدى.

بۇ مەسىلە بىز گېپىنى قىلغان ئۈچ خەلىفەنىڭ دەۋرىدىن بۇرۇنراق پەيدا بولغان. ئۇنى جەئد ئىبنى ئىبراھىم ئوتتۇرىغا قويغانىدى. جەئدنى كۇفە ۋالىيسى خالىد ئىبنى ئابدۇللاھ ئەلقەسرىي مۇشۇ گەپ ئۈچۈن ئۆلتۈرۈۋەتكەن. جەھم ئىبنى سەفۋانمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش گەپ قىلغان. جەبرىيلەر توغرىسىدا توختالغىنىمىزدا دېگەندەك، ئۇ ئاللاھنىڭ كالام (سۆزلەش) سۈپىتىنى ئىنكار قىلغانىدى. بۇ ئىنكار قىلىش، ئۇلارنىڭ گۇمانىچە، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانى ھادىسلارغا ئوخشاپ قېلىشتىن پاكلىغانلىق ئىدى. شۇ سەۋەبتىن، جەھم: «‹قۇرئان› ئاللاھنىڭ مەخلۇقى، قەدىم ئەمەس» دەپ ھۆكۈم قىلغان.

[190] شۇنىڭدىن كېيىن مۇئتەزىلەلەر كەلگەن ۋە ئاللاھ تائالانىڭ مەئانىي سۈپەتلىرىنى نەفيى قىلغان. مەئانىي سۈپەتلەر بولسا «قۇرئان»دا زىكىر قىلىنغان قۇدرەت، ئىرادە، ئاڭلاش، كۆرۈش، كالام (سۆزلەش) ۋە ئۇندىن باشقا سۈپەتلەردۇر. ئۇلار «قۇرئان»دا زىكىر قىلىنغان سۈپەتلەرنى يۈكسەك زاتنىڭ ئىسىملىرى، سۈپىتى ئەمەس، دەپ تەئۋىل قىلغان.

ئۇلار ئىنكار قىلغان نەرسىلىرى قاتارىدا كالام سۈپىتىنىمۇ ئىنكار قىلىپ، ئاللاھ تائالانىڭ سۆزلىگۈچى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلغان. ئۇلار «قۇرئان»دا كەلگەن ئاللاھ تائالانىڭ ﴿وَكَلَّمَ ٱللَّهُ مُوسَىٰ تَكۡلِيمٗا / ئاللاھ مۇساغا ھەقىقەتەن سۆز قىلدى﴾(4/«نىساﺋ»: 164) دېگەن سۆزىگە ئوخشاش كالامنىڭ ئاللاھقا نىسبەت بېرىلىشىنى تەئۋىل قىلىپ، «ئاللاھ تائالا ھەرنەرسىنى ياراتقاندەك دەرەخكە كالام (سۆزلەش ئىقتىدارىنى) نى ياراتقان (شۇنىڭ بىلەن دەرەخ سۆزلىگەن)» دېگەن.

ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ «كالام ئاللاھ ئۈچۈن مەخلۇقتۇر، قۇرئانمۇ ئاللاھ ئۈچۈن مەخلۇقتۇر» دېگەن قارىشىنى مۇشۇنىڭ ئۈستىگە قۇرۇپ چىققان ۋە ئابباسىيلار دەۋرىدە بۇ مەسىلىگە قاتتىق چۆكۈپ كەتكەن. ئۇلارنىڭ بۇ چۆكۈشىگە فۇقەھائدىن ئازراق بەزى كىشىلەرمۇ ھەمدەم بولغان. بىشر ئىبنى غىياس ئەلمەرىسىي مىسىرلىقلار ئىچىدە فىقھتا ئورنى چوڭ تۇرۇپ، «‹قۇرئان› مەخلۇق» دېگەن قاراشتا بولغانىدى. ئۇنى ئۇستازى، ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ شاگىرتى ئەبۇ يۈسۈف توسقان بولسىمۇ يانمىغان. شۇنىڭ بىلەن ئەبۇ يۈسۈف ئۇنى مەجلىسىدىن قوغلىۋەتكەن.

قاتتىق چۆكۈش ھارۇن رەشىدنىڭ دەۋرىدە باشلانغان. ھارۇن رەشىد پەيلاسوپلارنىڭ سۆزلىرى ئاساسىدا ئەقىدە مەسىلىلىرىگە چۆكۈش ۋە زاكونلىشىشنى تەرغىب قىلىدىغانلاردىن ئەمەس ئىدى، بەلكى رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئۇ مۇئتەزىلەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەقىدە مەسىلىلىرىدە زاكونلاشقانلاردىن بىر بۆلۈكنى ھەپسىگە ئالغان. شۇڭا، ئۇ «‹قۇرئان› مەخلۇقمۇ ياكى مەخلۇق ئەمەسمۇ» دەپ ‹قۇرئان› ھەققىدە گەپ قىلىشنى قوللىمىغان. ئۇنىڭغا بىشر ئىبنى غىياسنىڭ «قۇرئان» توغرىسىدىكى گېپى يەتكەن چاغدا، «ئەگەر ئۇنى قولۇمغا چۈشۈرۈپ قالسام، چوقۇم ئۆلتۈرىمەن» دېگەن. شۇنىڭ بىلەن بىشر ھارۇن رەشىدنىڭ خەلىفەلىكى داۋامىدا مۆكۈنۈپ يۈرگەن.

[191] مەئمۇن مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئەتراپىنى مۇئتەزىلەلەر قورشىدى، مەئمۇن ئۆزىنىڭ ئەتراپىدىكىلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنى ئۇلاردىن قىلدى ۋە ئۇلارنى ناھايىتى ئىززەتلىدى، ھەتتا شۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مۇئتەزىلەلەردىن بولغان ئەبۇ ھىشام فۇۋەتىي ئۇنىڭ يېنىغا كىرگەندە، قوزغىلىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئورنىدىن قوپقىلى تاس قالغانىدى، ئۇ بۇنداق ئىشنى باشقا ھېچكىمگە قىلمايتتى. بۇنىڭ سەۋەبى، مەئمۇن دىنلار ۋە قاراشلار ساھەسىدە ئەبۇلھۇزەيل ئەللافقا شاگىرت بولغان. ئەبۇلھۇزەيل مۇئتەزىلەلەرنىڭ ئىماملىرىدىن ئىدى. مەئمۇن مۇشۇ شاگىرتلىق بىلەن ۋە خەلىفەلىكى زامانىدا ئىزچىل ئىلىم بىلەن شۇغۇللىنىش سەۋەبى بىلەن مۇئتەزىلە دەپ سانىلاتتى.

ئۇ مەزھەب ۋە قاراشلار ھەققىدىكى مۇنازىرىلەر ئۈچۈن سورۇنلارنى ئۇيۇشتۇراتتى. بۇ بەيگىنىڭ چەۋەندازلىرى مۇئتەزىلەلەر ئىدى. مۇئتەزىلەلەر كەڭ ئەقلىي ئىزدىنىشلارغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ئۈچۈن، بەيگىدە ئۇتۇپ چىقىدىغانلار يەنە مۇئتەزىلەلەر بولاتتى.

مۇئتەزىلەلەر ئۆزلىرىنىڭ ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى ئورنىنى ھېس قىلغان، بولۇپمۇ ئۇ ئۆزىنىڭ خاس ئادەملىرىنى ئۇلاردىن تاللىغان چاغدا. ئۇ ئەھمەد ئىبنى ئەبۇ دۇئادنى ئۆزىگە ئالاھىدە يېقىن تۇتقان، ھەتتا ئۆلىدىغان ۋاقتىدا ئۇنى قېرىندىشى مۇئتەسىمغا ۋەسىيەت قىلغان ۋە ۋەسىيىتىدە ئېيتقانكى: «ئەبۇ ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبۇ دۇئاد سەندىن ئايرىلمىسۇن، ھەر ئىشىڭدا ئۇنى شېرىك قىلغىن. چۈنكى، ئۇ شۇنداق قىلىشىڭغا ئەرزىيىدۇ».

مەئمۇن بىلەن ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئەنە شۇ ئەقلىي ئالاقە ئارقىلىق ۋە چوڭ – كىچىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە ئۇنىڭغا يېقىن بولۇش ئارقىلىق، ئۇلار ئۇنىڭغا «قۇرئان»نىڭ مەخلۇق ئىكەنلىكى ھەققىدىكى قاراشنى ئېلان قىلىشنى چىرايلىق كۆرسىتەلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھىجرىيە 212 – يىلى بۇ قاراشنى ئېلان قىلدى ۋە بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ مۇنازىرە سورۇنلىرىغا كېلىدىغانلار بىلەن مۇنازىرىلەشتى، مۇنازىرىلەردە ئۆزىنىڭ ھۆججىتى ۋە دەلىللىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، لېكىن ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە كىشىلەرنى ئۆزلىرىنىڭ ئەقىدىلىرى ۋە قاراشلىرىدا ئەركىن قالدۇردى، ئۇلارنى ئۇلار توغرا كۆرمىگەن بىر قاراشقا، ئۇلار راۋا كۆرمىگەن بىر پىكىرگە زورلىمىدى.

لېكىن، ھىجرىيە 218 – يىلى (ئۇ ۋاپات بولغان يىلى) مۇئتەزىلەلەرنىڭ ۋەسۋەسىسى بىلەن كىشىلەرنى ھاكىمىيەت كۈچى ئارقىلىق «‹قۇرئان› مەخلۇق» دېگەن قاراشنى قوبۇل قىلىشقا چاقىرىشنى ئويلاپ قالدى، بەلكى ئۇ كىشىلەرنى ئەنە شۇنىڭغا زورلاشنى ئىرادە قىلدى. بۇ ئىش ئۇ رىققەدە تۇرۇپ، فەقىھ ۋە مۇھەددىسلەرنى «‹قۇرئان› مەخلۇق» دېيىشكە زورلاش ئۈچۈن ئۇلارنى سىناش توغرىسىدا باغدادتىكى نائىبى ئىسھاق ئىبنى ئىبراھىمغا خەتلەرنى ئەۋەتىشى بىلەن باشلاندى. ئاۋۋال دۆلەت مەنسەپلىرىدە ئورنى بار كىشىلەر ياكى ھاكىملار بىلەن، ياكى ھۆكۈم بىلەن مۇناسىۋىتى بار كىشىلەر زورلاندى. قازىخانىغا سۇنۇلغان بىرەر دەۋادا گۇۋاھچى بولغانلارمۇ زورلاندى. مەئمۇننىڭ ئىسھاق ئىبنى ئىبراھىمغا يازغان بىرىنچى خېتىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق كەلگەن: «ئەتراپىڭدىكى قازىلارنى توپلا، ئۇلارغا مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرىنىڭ خېتىنى ئوقۇ، ئاندىن ئۇلارنى سىناپ، قۇرئاننىڭ مەخلۇق ۋە ھادىس ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئۇلارنىڭ قانداق قارايدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇر، ئۇلارغا شۇنى بىلدۈرگىنكى، مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى ئۆزىنىڭ ئىشىدا باشقىلاردىن ياردەم سورىمايدۇ، مەنسەپ بېرىپ، پۇقرالىرىنىڭ ئىشلىرىنى تاپشۇرغان كىشىلەر ئىچىدە دىيانىتى، تەۋھىدى ۋە جەزمىيىتى خالىس بولمىغان ئادەمگە ئىشەنمەيدۇ. ئۇلار مۇشۇنىڭغا ئىقرار بولۇپ، شۇ جەھەتتە مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرىگە قوشۇلسا، ھىدايەت ۋە نىجات يولىدا ماڭسا، ئۇلارغا شۇنداق ئەمر قىلغىنكى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قېشىغا باشقىلار ئۈستىدىن گۇۋاھچى بولۇپ كەلگەنلەرنى ئېنىقلاپ، ئۇلارنىڭ قۇرئان ھەققىدىكى قارىشىنى سورىسۇن، قۇرئاننىڭ مەخلۇق ۋە ھادىس ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمىغانلارنىڭ گۇۋاھلىقىنى ئالمىسۇن ۋە ئىمزا قويۇپ بەرمىسۇن. قول ئاستىڭدىكى قازىلارنىڭ بۇ ئەمرلەرنى ئىجرا قىلىۋاتقان ياكى قىلمايۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات توپلاپ مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرىگە يوللا، ئاندىن سەن ئۇلارغا نازارەتچىلىك قىل ۋە ئۇلارنىڭ ئىش – ئىزلىرىنى تەكشۈر. ئۈمىدىم، ئاللاھنىڭ ھۆكۈملىرى دىندا ئاڭلىق، تەۋھىدتە خالىس كىشىلەرنىڭ قوللىرىدا ئىجرا بولسۇن».

بۇنىڭدىن كۆرىمىزكى، مەئمۇن ئاشۇ گەپنى دېمىگەن كىشىلەرنى دۆلەت مەنسەپلىرىدىن مەھرۇم قىلىش، ئەگەر گۇۋاھچى بولسا گۇۋاھلىقىنى ئاڭلىماسلىقتىن باشقا جازا بېكىتمىگەن. ئىككىنچى خەتتە دۆلەتتىكى مەنسەپدارلار ۋە دۆلەتكە ئالاقىدار كىشىلەرگە مۇھەددىس ۋە فۇقەھائنى، پەتۋا، تەلىم – تەربىيە بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنى قوشقان ۋە ئۇلارنى سىناشقا، ئۇلارنىڭ «قۇرئان»نىڭ مەخلۇق ئىكەنلىكى مەسىلىسىدىكى جاۋابلىرىنى ئۆزىگە يوللاشقا بۇيرۇغان.

ئىسھاق ئىبنى ئىبراھىم ئۇلارنىڭ جاۋابلىرىنى يوللىغان. جاۋابلارنىڭ كۆپى سۈكۈت قىلىش، جەزملەشتۈرمەسلىك ئىدى.

[192] ئۈچىنچى خەت كەلدى، ئۇنىڭدا ئوچۇق قوپاللىق بار ئىدى. ئۇ سۈكۈت قىلغۇچىلارنىڭ جاۋابلىرىنى ئەخمەقلىقكە چىقىرىپ ئەيبلىگەن ۋە ئېغىر گەپ بىلەن سۆككەنىدى. ئۇ بۇنىڭ بىلەن كۇپايىلەنمەي، كەسكىن جازالارنى بېكىتتى. بۇ خەتتە مۇنداق دېيىلگەن: «سەن خېتىڭدا مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرىگە ئىسمىنى ئاتىغان، مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى ساڭا گېپىنى قىلغان ياكى بۇ خېتىدا گېپىنى قىلمىغانلار ئىچىدە كىم شىركىدىن يانمىسا، ئۇنداقلارنىڭ ھەممىسىنى باغلاقلىق ھالدا مۇھاپىزەتچىلەر بىلەن مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرىنىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بار ۋە ئۇلارنى ئەسكەرلەرگە ئۆتكۈزۈپ بەر، ئەسكەرلەر ئۇلارنى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرىنىڭ سوراققا تارتىشى ئۈچۈن ئىشەنچلىك ئادەملەرگە تاپشۇرىدۇ. ئەگەر ئۇلار يانمىسا ۋە تەۋبە قىلمىسا، ھەممىسىنى قىلىچتىن ئۆتكۈز ئىنشائاللاھ، لا قۇۋۋەتە ئىللا بىللاھ».

بۇنىڭدىن ئەھۋالنىڭ قانداق بولۇپ، مەھرۇم قىلىش جازاسىدىن ئۆلۈم جازاسى بىلەن ئاگاھلاندۇرۇشقا ئۆرلەپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز.

ئىسھاق ئىبنى ئىبراھىم تەكشۈرۈپ باقماستىنلا ئۇنىڭ تەلىپىنى يۈرگۈزۈشكە ئالدىراپ، فەقىھ، مۇھەددىس ۋە مۇفتىلارنى ھازىر قىلدى ۋە ئۇلارنى ئەگەر تەلەپ قىلىنغان پىكىرگە ماقۇل كەلمىسە، سورالغان سوئالغا جاۋاب بەرمىسە، ئىككىلەنمەستىن ۋە ئويلانماستىن مەئمۇن توغرا دەپ قارىغان ھۆكۈم بىلەن ھۆكۈم قىلمىسا، ئېغىر جازالايدىغانلىقى بىلەن ئاگاھلاندۇردى. نەتىجىدە ئۇلارنىڭ ھەممىسى تەلەپ قىلىنغاننى سۆزلىدى ۋە شۇ مەزھەبنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

لېكىن، ئاللاھ قەلبلىرىنى مۇستەھكەم قىلغان، ئۆزلىرىنىڭ ئىشىدا ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە كۆڭۈل توختىتىپ، جۈرئەت بىلەن مەيدانىدا چىڭ تۇرغان تۆت كىشى بار ئىدى. ئۇلار ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، مۇھەممەد ئىبنى نۇھ، قەۋارىرىي، سەججادە قاتارلىقلاردۇر. شۇنىڭ بىلەن بۇلار باغلىنىپ، ئۇلارغا تۆمۈر ئىشكەل سېلىندى ۋە كېچىچە ئىشكەللەنگەن ھالدا تۇردى. ئەتىسى بولغاندا، ئۇلارنىڭ بىرى يەنى سەججادە ئۇلارنىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ باغلاقتىن يېشىلىپ، قويۇپ بېرىلدى. قالغانلىرى ئۆز پېتى داۋام قىلدى.

كېيىنكى كۈنى ئۇلاردىن قايتا سوئال سورالدى ۋە جاۋاب بېرىش تەلەپ قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن قەۋارىرىينىڭ ئىرادىسى بوشاپ، ئۇلارنىڭ تەلەپ قىلغىنىنى قوبۇل قىلدى. ئاندىن ئۇلار ئۇنىڭ كىشەنلىرىنى يېشىۋەتتى. ئىككىسى قالدى، ئاللاھ ئۇ ئىككىسى بىلەن بىرگە ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئىككىسى كېشەنلىك ھالدا، مەئمۇن بىلەن تەرسۇستا ئۇچرىشىش ئۈچۈن ھەيدەپ مېڭىلدى. ئىبنى نۇھ يولدا شەھىد بولدى.

چاقىرىققا ئاۋاز قوشقانلارنىڭ ئەركىن ھالدا مەئمۇن بىلەن كۆرۈشۈشلىرى تەلەپ قىلىندى. ئۇلار تەرسۇستا مەئمۇن بىلەن كۆرۈشۈشلىرى ئۈچۈن، ئۆزلىرىنىڭ ئورنىغا كېپىللەرنى چىقاردى.

[193] ئۇلار يولدا كېتىۋاتقىنىدا، مەئمۇننىڭ ئۆلۈم خەۋىرى كەلدى، لېكىن ئۇ — ئاللاھ ئۇنى ئەپۇ قىلسۇن! — قېرىندىشى مۇئتەسىمغا ئۆزىنىڭ «قۇرئان» ھەققىدىكى مەزھەبىنى چىڭ تۇتۇش، ھاكىمىيەتنىڭ كۈچى ئارقىلىق ئۇنىڭغا چاقىرىش توغرىسىدا ۋەسىيەت قالدۇرۇپ بۇ دۇنيادىن خوشلاشقانىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ۋۇجۇدىنى ئىگىلىۋالغان بۇ پىكىرنى ئەگىشىش ۋاجىب بولغان بىر دىن، ئادا قىلمىغۇچە ۋە كىشىلەرنى كۈچنىڭ ياردىمىدە زورلاپ چاقىرمىغۇچە گەردەندىن ساقىت بولمايدىغان بىر پەرز دەپ چۈشىنىپ قالغان بولسا كېرەك. بۇ ۋەسىيەتتە مۇنداق كەلگەن: «ئى ئەبۇ ئىسھاق! (يەنى مۇئتەسىم!) ماڭا يېقىن تۇر، كۆرۈۋاتقانلىرىڭدىن نەسىھەت ئال، قۇرئاننىڭ مەخلۇق ئىكەنلىكىدە قېرىندىشىڭنىڭ يولىنى تۇت».

بۇ ۋەسىيەت تۈپەيلى، ئازار – كۈلپەت مەئمۇننىڭ ۋاپاتى بىلەنمۇ توختىمىدى، بەلكى دائىرىسى تېخىمۇ كېڭەيدى، ئوقۇبەتلىرى ئارتتى، زاھىدلار، ئالىملار، فۇقەھائ‍، مۇھەددىسلەر، مۇفتىلاردىن ئىبارەت سۈكۈت قىلغۇچىلارغا ئازار – كۈلپەت دەھشەتلىك بولدى.

[194] ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل داۋاملىق سىنالدى، بەدىنى قامچا سەۋەبىدىن تىتىلىپ كەتتى. ھالبۇكى ئۇ سىناققا رازى ئىدى، ئەقىدىسىدە چىڭ تۇرۇۋاتاتتى. ئۇ 18 ئايغا يېقىن ھەپسىدە تۇردى، ئاخىرىدا، ئۇلار ئۇنىڭدىن ئۈمىد ئۈزدى ۋە ئۇنىڭ جاۋاب بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدى.

ئاندىن كېيىن ئۇ قويۇپ بېرىلدى. ئۇ ئىلگىرى قىلىپ كېلىۋاتقان پەتۋا بېرىش، ھەدىس سۆزلەش ئىشلىرىنى تا مۇئتەسىم ئۆلگۈچە داۋاملاشتۇردى. ئىش ۋاسىقنىڭ قولىغا قالغاندىن كېيىن، ئۇمۇ بۇ مەسىلىدە دادىسىنىڭ ۋە تاغىسىنىڭ يولىدا ماڭدى ۋە دېگەن يېرىگە كەلمىگەنلەرنى قىينىدى، لېكىن ئۇ ئەھمەدنى ئىلگىرى قىينىغاندىن ئارتۇق قىيناشنى خاھلىمىغاچقا، ئۇنى سۈرگۈن قىلدى ۋە پەتۋا بېرىشتىن چەكلىدى، ئۇنىڭغا: «بىرەركىمنى ئۆزۈڭگە قوشما، مەن تۇرۇۋاتقان بىرەر شەھەردە تۇرما» دېدى.

شۇنىڭ بىلەن ئىمام ئەھمەد تا ۋاسىق ئۆلگۈچە نامازغىمۇ ۋە باشقا ئىشقىمۇ چىقماي يوشۇرۇنۇپ تۇردى.

[195] ۋاسىقنىڭ دەۋرىدە فىتنە (ئەزىيەت) ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل بىلەن چەكلىنىگلىك ئەمەس ئىدى، بەلكى فىتنە ئۇندىن باشقىلارغىمۇ ھالقىغان. شەھەر – شەھەرنىڭ فۇقەھائلىرى بۇ مەسىلىدە سىناپ كۆرۈلۈش ۋە قەلبلىرىدە نېمە بارلىقى تەپتىش قىلىنىش ئۈچۈن، باغدادقا ھەيدەلگەنىدى.

ئىمام شافىئىينىڭ ھەمراھى ۋە شاگىرتى مىسىرلىق فەقىھ يۈسۈف ئىبنى يەھيا بۇۋەيتىيمۇ بېشىغا فىتنە كەلگەن كىشىلەردىن بىرىدۇر. ئۇنىڭدىن ئۇلار دېگەننى دېيىش تەلەپ قىلىنىۋىدى، ئۇنىمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىشكەللىنىپ ئېلىپ كېتىلدى، ئاخىرىدا رەببىنىڭ ساۋابىنى ئۈمىد قىلغان ھالدا، كىشەن ئىچىدە ئۆلۈپ كەتتى.

نۇئەيم ئىبنى ھەممادمۇ شۇلاردىن بىرىدۇر. ۋاسىقنىڭ تۈرمىسىدە باغلاقلىق ھالەتتە ئۆلۈپ كەتكەن.

ئەھمەد ئىبنى نەسر خۇزائىيمۇ شۇلاردىن بىرى بولۇپ، ئۇنى ۋاسىق، دېگىنىگە كۆنمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈۋەتكەن. دېيىلىشىچە، سۇمامە ئىبنى ئەشرەس ئەلمۇئتەزىلىي ئۇنى ۋاسىققا چاققان. ۋاسىقنىڭ ئۇنى ئۆلتۈرگەنلىكىگە پۇشايمان قىلغانلىقى، سۇمامەگە ۋە ئۇنى ئۆلتۈرۈش توغرىسىدا مەسىلىھەت بەرگەن ھەربىر ئادەمگە كايىغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ.

[196] ھېكمەتنىڭ ئاۋازى ئۆچكەن بۇ ئېغىر فىتنەدە ۋە رەھمەتنىڭ ئۈنى پەسەيگەن بۇ قاتتىقچىلىقتا ئالىملار قىينىلىپ ياشىغان. بۇ پىكىردىن ئۆزىنى تارتىش چوڭ بىر گۇناھ ئىدىكى، مەيلى بۇرۇنقى ياخشى ئەمەللىرى بار بولسۇن، يا گۈزەل ئىزلىرى بار بولسۇن، ياكى كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن بولسۇن، بۇ جەھەتتە ھېچقانداق مۇئمىن كەچۈرۈلمەيتتى. ئەھۋال ئېغىرلاپ، بۇ بالا داۋاملىشىۋەردى، ئاخىرىدا كىشىلەر بۇ ھالەتتىن زېرىكتى، ھەتتا شۇ بالانى سېلىۋاتقانلارمۇ زېرىكتى، ھەتتا بۇ ئىش بەزى كىشىلەردە يۇمۇرغا ئايلىنىپ كەتتى. ئۇ ھەقتە مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: ۋاسىقنىڭ ھۇزۇرىغا ئۇبادە ئىسىملىك بىر كۈلدۈرگۈچى كىرىپ:

–     ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! قۇرئان ئىشىدا سەبر قىلغايلا، — دېۋىدى، ۋاسىق:

–     ۋاي ساڭا! قۇرئان ئۆلۈۋاتامدۇ؟ — دېدى. ئۇ كىشى:

–     ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! ھەرقانداق مەخلۇق ئۆلىدۇ. خۇدا ھەققى، ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! قۇرئان ئۆلۈپ كەتسە، كىشىلەر تاراۋىھنى نېمە بىلەن ئوقۇيدۇ؟ — دېۋىدى، ۋاسىق كۈلۈپ كەتتى ۋە مۇنداق دېدى:

–     ئاللاھ جاجاڭنى بەرسۇن! تىلىڭنى يىغ!

دەمىرىي «ھەياتۇلھەيەۋان (حياة الحيوان)» ناملىق كىتابىدا مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: «ۋاسىق ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا بۇ قاراشقا كۆنمىگەنلەرنى قىيناشتىن يانغان. چۈنكى، ئۇنىڭ قېشىغا قىينالغان كىشىلەردىن بولغان بىر شەيخ كىرىپ، بۇ سوتلاشقا ئىگە بولغان ئەھمەد ئىبنى ئەبۇ دۇئادقا مۇنداق دېگەن: ‹سەن كىشىلەرنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ، ئەبۇبەكرىمۇ، ئۆمەرمۇ، ئوسمانمۇ، ئەلىمۇ چاقىرمىغان بىر ئىشقا چاقىرىۋاتىسەن. سەن ”ئۇلار ئۇنى بىلگەن“ ياكى ”ئۇنى بىلمىگەن“ دېيىشتىن قاچالمايسەن. ئەگەر ”ئۇلار ئۇنى بىلگەن، ئەمما سۈكۈت قىلغان“ دېسەڭ، ئۇلارغا راۋا بولغان سۈكۈت ماڭىمۇ ۋە ساڭىمۇ راۋا بولىدۇ، ئەگەر سەن ”ئۇلار بىلمىگەن، مەن بىلدىم“ دېسەڭ، ئەي چۈپرەندىنىڭ بالىسى چۈپرەندە! سەن بىلگەن بىرنەرسىنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە خۇلەفائى راشىدىنلار بىلمەي قالارمۇ!›»(25)

ۋاسىق بۇنى ئاڭلاپ، ئورنىدىن چاچراپ تۇردى ۋە شۇ سۆزلەرنى قايتىلاشقا باشلىدى، شەيخنى ئەپۇ قىلدى ۋە قىلغانلىرىدىن ياندى. ۋاسىقنىڭ ئوغلى مۇھتەدىيمۇ دادىسىنىڭ يانغانلىقىنى رىۋايەت قىلغان.

بۇ مەسىلىدىكى ئىختىلاپنىڭ ئوبيېكتى

[197] بۇ مەسىلىدىكى ئىختىلاپ بىر تەرەپتىن مۇئتەزىلەلەر ئارىسىدا، يەنە بىر تەرەپتىن فەقىھ ۋە مۇھەددىسلەر ئارىسىدا بولغان. كاج ئەسەبىيلىك بىزگە ئەسل ماۋزۇنى ۋە ئىختىلاپنىڭ ئوبيېكتىنى ئۇنتۇلدۇرۇپ قويسا بولمايدۇ. ئىمام ئەھمەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قارىشى فەقىھ ۋە مۇھەددىسلەرنىڭ قارىشى بىلەن ئۇيغۇنلىشىدىغان ۋە ئۇلارنىڭ قارىشىنى سۈرەتلەپ بېرىدىغان قاراش بولسا كېرەك. چۈنكى، ئۇنىڭ بايانى ئومۇمەن ئۇلارنىڭمۇ بايانىدۇر.

ئىمام ئەھمەدنىڭ قارىشىنى ۋە ئەسەبىي مۇئتەزىلەلەرنىڭ نۇقتىئىنەزەرىنى بايان قىلىشتىن بۇرۇن، بىز ئىمام ئەھمەدنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پىكرى ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان ئالىملارنىڭ «قۇرئان» تىلاۋىتىنىڭ ھادىس ئىكەنلىكىگە ئىتتىپاقلاشقانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتىمىز. دېمەك، «قۇرئان» ھەرپلىرىنى ئوقۇش ھادىستۇر. چۈنكى، ئوقۇش قارىينىڭ سۈپىتىدۇر، ياكى قارىينىڭ ئەمەللىرىدىن بىرىدۇر، قارىينىڭ ئەمەللىرى شەكسىز ھادىستۇر. شۇنىڭدەك، ئالىملار مۇسھەف(26)لەردىكى سىياھ بىلەن سۈرەتلەنگەن ھەرپلەرنىڭمۇ شەكسىز ھادىس ئىكەنلىكىگە ئىتتىپاقلاشقان. ئۇلار ئېيتقان: «‹قۇرئان›غا ئىككى تەرەپتىن قارىلىدۇ، بىرى، ‹قۇرئان›نىڭ مەنبەسىگە قارىلىدۇ. مەنبەسىگە قارىغىنىمىزدا، ئاللاھ تائالا سۆزلەش بىلەن سۈپەتلەنگۈچىدۇر ۋە بۇ ‹قۇرئان كەرىم› ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ سۆزىدۇر. ئىككىنچىدىن، ھەرپلەرگە ۋە شۇ ھەرپلەردىن تۈزۈلگەن كەلىمەلەرگە، كەلىمەلەر ئۇقتۇرىدىغان ۋە ئىبارىلەردىن چۈشىنىلىدىغان مەنىلەرگە قارىلىدۇ». مانا مۇشۇ ئىككى تەرەپ ئىختىلاپنىڭ ئوبيېكتىدۇر.

بىرىنچى تەرەپكە كەلسەك: مۇئتەزىلەلەر ئاللاھ تائالانىڭ سۆزلەش سۈپىتىنى ئىنكار قىلغان. چۈنكى، (ئۇلارنىڭ قارىشىچە) سۆزلەش سۈپىتى ھادىسلارنىڭ سۈپىتىدۇر، ئاللاھ سۆز سادىر بولىدىغان ئورۇنغا سۆزنى ياراتقاچقا، «سۆزلىدى» دېگەن گەپ ئاللاھقا نىسبەت بېرىلگەن. چۈنكى، ئاللاھنىڭ مۇساغا سۆزلىشى دەرەخكە سۆزنى ياراتقانلىقى ئۈچۈندۇر (يەنى ئاللاھ مۇساغا سۆزلىمىدى، ئاللاھ دەرەخكە سۆزنى يارىتىپ، دەرەخ سۆزلىدى). مۇئتەزىلەلەردىن باشقا فەقىھ ۋە مۇھەددىسلەر ئاللاھ تائالانىڭ سۆزلەش سۈپىتىنى تەستىقلىغان. بۇنىڭغا بىنائەن، فەقىھ ۋە مۇھەددىسلەرنىڭ نەزەرىدە «قۇرئان» ئاللاھنىڭ سۆزى بولىدۇ، نەتىجىدە «قۇرئان» باشقا مەخلۇقاتلاردەك مەخلۇق بولمايدۇ. مۇئتەزىلەلەر: «قۇرئان ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ياراتقان ۋە ئىشەنچلىك ۋەھيى ۋاسىتىسى بىلەن پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلغان بىر سۆزدۇر» دېگەن.

ئىككىنچى تەرەپكە كەلسەك: ئۇ بولسىمۇ ئوقۇلىدىغان ھەرپلەر ۋە چۈشىنىلىدىغان مەنىلەردۇر. بۇ يەردە مۇئتەزىلەلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرىقىسى بويىچە: «ھەرپلەر ۋە مەنىلەر ئاللاھ تائالا ئۈچۈن مەخلۇقتۇر» دەيدۇ. ئىمام ئەھمەد ۋە ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى ئەھلىسۈننەت: «بۇلار ئاللاھ تائالا ئۈچۈن مەخلۇق ئەمەس، چۈنكى ئۇلار ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ سۆزىنىڭ نامايەندىسىدۇر» دەيدۇ. لېكىن، ئۇلار (يەنى ھەرپ ۋە مەنىلەر) يۈكسەك زاتنىڭ قەدىملىكىگە ئەگىشىپ قەدىممۇ؟

ئىمام ئەھمەدنىڭ گەپلىرىنى تەكشۈرۈپ كۆرگەن كىشى شۇنى كۆرەلەيدۇكى، ئۇ ئاۋۋال جىم تۇرغان، ئاندىن قارىشىنى ئاشكارىلىغان. ئۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان: «كىمكى ‹قۇرئان مەخلۇق› دەپ دەۋا قىلىدىكەن، ئۇ جەھمىيدۇر، كىمكى ‹قۇرئان مەخلۇق ئەمەس› دەپ دەۋا قىلسا، بىدئەتچىدۇر». دېمەك، ئۇ بۇ نۇقتىلارغا ئىچكىرىلەپ كىرىشنى بىدئەت دەپ قارىغان.

لېكىن، بۇ ئاپەت كەڭ تارقىلىپ كەتكەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ قارىشىنى جاكارلىغان. ئۇ قاراش بولسىمۇ «قۇرئان»نىڭ لەفزلىرى ۋە مەنىلىرى مەخلۇق ئەمەس. ئۇ بۇنى (خەلىفە) مۇتەۋەككىلگە يازغان خېتىدا ئوچۇقلىغان. خەتتە مۇنداق كەلگەن: «بىزدىن بۇرۇن ئۆتكەن سەلەفلەرنىڭ نۇرغۇنلىرىنىڭ ›قۇرئان ئاللاھنىڭ كالامىدۇر، مەخلۇق ئەمەس‹ دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان. مەنمۇ مۇشۇنىڭغا مايىل بولىمەن. ئاللاھنىڭ كىتابىدا ياكى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ياكى ئۇ زاتنىڭ ساھابەلىرىنىڭ، ياكى تابىئىننىڭ سۆزىدە بولمىغان بۇنىڭدەك نەرسىلەر ھەققىدە گەپ قىلىشنى توغرا كۆرمەيمەن. چۈنكى، ئۇ ھەقتە گەپ قىلىش ياخشى ئەمەس»(27).

بۇنىڭدىن شۇنى چىقىرىمىزكى، ئىمام ئەھمەد بىر مۇددەت سۈكۈتتە تۇرغاندىن كېيىن، «قۇرئان»نىڭ مەخلۇق ئەمەسلىكىنى ئىزھار قىلغان. لېكىن، ئۇنىڭ مۇشۇ گېپى بار بولسىمۇ، ئۇنىڭ «قۇرئان قەدىم» دېگەنلىكى زىنھار مەلۇم بولمىغان، بەلكى ئۇ بۇ مەسىلىدە ئۆزىنىڭ سۈكۈتىدە داۋام قىلغان. چۈنكى، ئۇشبۇ مەسىلە ئىلمى كالامنىڭ ماھىيىتىدىن بولغان بىر مەسىلىدۇر. ھالبۇكى ئۇ ئەھلى كالام قاتارىدىن ئەمەس ئىدى.

[198] ئۇشبۇ يىغما خۇلاسىدىن كېيىن، مۇئتەزىلەلەرنىڭ قارىشىغا زىت كەلگەن ۋە ئۇلار قارشى تۇرغان قاراشنى بايان قىلدۇق ھەمدە مۇئتەزىلەلەرنىڭ قارىشىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە سىزغان مېتودىنىمۇ بايان قىلدۇق. دېمەك، ئۇلار «‹قۇرئان› مەخلۇق، ‹قۇرئان› ھادىس، قەدىم ئەمەس» دەپ قارايدۇ.

بۇ ئىككى خىل قاراش بولۇپ، ھەربىرىنىڭ نۇقتىئىنەزەرى بار، ھېچقايسىسى بىر – بىرىنى كافىرغا چىقارمايدۇ. لېكىن، مۇئتەزىلەلەر بەس – مۇنازىرە ئەھلى تۇرۇپ، كۈچكە ئىگە بولغان چاغدا، مۇنازىرىلىشىشتىن تەھدىد ۋە ئەزىيەتكە يۆتكەلدى. مەئمۇن، مۇئتەسىم ۋە ۋاسىقنى قويۇپ تۇرايلى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر كۆرۈنۈش بولۇپ، ئۇلارنىڭ كاللىلىرىدىكى قاراش مۇئتەزىلە قارىشى ئىدى، ھەتتا خەتلەر ۋە ۋەسىيەتلەرنىڭ ھەممىسى ئەھمەد ئىبنى ئەبۇ دۇئادنىڭ قەلىمى بىلەن يېزىلغان. ئۇ مەئمۇننىڭ ئۆلۈم كۆرپىسىدە ياتقان ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭ نامى بىلەن يازغان ۋە بۇيرۇغان بولۇشى مۇمكىن. دەلىلى، زۇلۇم – سىتەم ۋە شۇ توغرىسىدىكى خەتلەرنىڭ ھەممىسى مەئمۇن باغدادنىڭ سىرتىدىكى چاغدا بولغان ۋە ئۇ كېسەل چاغدا بولغان.

شۇڭلاشقا، بىز مۇئتەزىلەلەرنىڭ ئۆزىنى سوئال ئوبيېكتى قىلىپ، ئۇلارغا باھانىلەرنى ئىزدەپ باقىمىز ياكى ئۇلارنىڭ ئەيبىنى يەڭگىللىتىپ قالغۇدەك باھانىلىرى بار دېسەكمۇ بولىدۇ، لېكىن ئۇ باھانىلەر ئەزىيەت ۋە زۇلۇمنى ئاقلىيالمايدۇ. چۈنكى، ئەزىيەت ۋە زۇلۇم ھېچكىمگە راۋا كۆرۈلمەيدۇ. ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلدەك تەقۋادار ئالىملارغا تېخىمۇ راۋا كۆرۈلمەيدۇ.

شۈبھىسىزكى، بىز «مۇئتەزىلەلەرنىڭ گۇناھىدىن پەرقلىنىدۇ ياكى ئازراق مالامەتنى يوقىتالايدۇ» دەپ قارايدىغان باھانىلەر شۇكى، ئەھلىسۈننەتنىڭ «‹قۇرئان› مەخلۇق ئەمەس، ‹قۇرئان› ئاللاھنىڭ سۆزى» دېگەن گېپى «قۇرئان»نى قەدىم دېيىشكە ئېلىپ بارىدۇ، بۇنى خرىستىيانلار مۇسۇلمانلارنى شەكلەندۈرۈش ئۈچۈن ۋە مۇسۇلمانلارنى (ئاللاھنىڭ سۆزى بولغان) مەسىھنى ئىلاھ ياكى ئىلاھتەك قەدىم دەپ ئېتىقاد قىلىشقا ئۈندەش ئۈچۈن ۋاسىتە قىلىۋالغانىدى. خرىستىيانلار مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىغا ئاشۇنداق شۈبھىنى تارقاتقانىدى. «تۇراسۇلئىسلام (تُرَاثُ الإِسْلَامِ)» ناملىق كىتاب(28)تا ھىشام ئىبنى ئابدۇلمەلىكنىڭ دەۋرىگىچە ئۇمەۋىيلەرنىڭ خىزمىتىدە بولغان يۇھاننا دەمەشقىيدىن نەقىل قىلىنىشىچە، ئۇ بەزى خرىستىيانلارغا مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتىقادىنى بۇزۇش ئۈچۈن ئۇلار بىلەن مۇنازىرىلىشىدىغان نەرسىلەرنى ئۆگەتكەن. ئۇ ئېيتقانكى: «بىر ئەرەب سەندىن: ‹مەسىھ ھەققىدە نېمە دەيسەن؟› دەپ سورىسا، ‹ئۇ دېگەن ئاللاھنىڭ كەلىمەسى› دېگىن، ئاندىن خرىستىيان ئۇنىڭدىن: ‹قۇرئاندا مەسىھ نېمە دەپ ئاتالغان؟› دەپ سورىسۇن ۋە ئۇ بۇ سوئالغا جاۋاب بەرگۈچە، باشقا گەپ قىلىشنى رەت قىلسۇن. نەتىجىدە ئەرەب ‹﴿إِنَّمَا ٱلۡمَسِيحُ عِيسَى ٱبۡنُ مَرۡيَمَ رَسُولُ ٱللَّهِ وَكَلِمَتُهُۥٓ أَلۡقَىٰهَآ إِلَىٰ مَرۡيَمَ وَرُوحٞ مِّنۡهُۖ (مەريەمنىڭ ئوغلى مەسىھ ئىيسا پەقەت ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىدۇر، ئاللاھنىڭ مەريەمگە تاشلىغان كەلىمەسىدۇر ۋە ئۇنىڭ روھىدۇر (يەنى ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن بىر روھتۇر)﴾›(4/«نىساﺋ»: 171) دېيىشكە قىستىلىدۇ. ئاندىن خرىستىيان ئۇنىڭدىن ‹ئاللاھنىڭ كەلىمەسى ۋە روھى مەخلۇقمۇ ياكى مەخلۇق ئەمەسمۇ؟› دەپ سورىسۇن، ئەگەر ئۇ: ‹مەخلۇق!› دەپ جاۋاب بەرسە، ئۇنىڭغا ‹ئاللاھ بار بولغاندا، كەلىمەسى ۋە روھى يوقمىدى؟› دەپ رەددىيە بەرسۇن. ئەگەر شۇنداق دېسەڭ، ئەرەبنىڭ ئاغزى تۇۋاقلىنىدۇ. چۈنكى، بۇنداق قاراشتا بولغان ئادەم مۇسۇلمانلارنىڭ نەزەرىدە زىندىقتۇر».

[199] مۇشۇ گەپلەر مۇسۇلمانلار ئارىسىغا تارقىتىلغان ئىدى. ئۇنداق گەپلەر باشقا دىندىكىلەر ۋە زىندىقلار بىلەن مۇنازىرىلىشىپ كەلگەن مۇئتەزىلەلەرنىڭ كۆزلىرىدىن مەخپىي قالمايتتى. شۇڭا، ئۇلار «قۇرئان مەخلۇق ئەمەس» دەيدىغان ئادەمنىڭ «قۇرئان قەدىم» دېيىشكە بېرىپ قالىدىغانلىقى ۋە بۇ ئارقىلىق خرىستىيانلارنى ئۇلار مۇنازىرىدە قوللىنىدىغانغا بىر ھۆججەت بىلەن تەمىنلەپ قالىدىغانلىقىنى بىلەتتى. شۇڭا، ئىسلامغا قارشى بىر ھۆججەت بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ۋە ئىسلامغا ھۇجۇم قىلىدىغانلارغا بىر يوچۇق ئېچىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، بۇ گەپنى دېمەسلىك لازىم بولغانىدى. مۇئتەزىلەلەر شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆزلىرى ياقىلىغان قاراشنى شەكسىز ھەقىقەت دەپ قارايتتى، شۇنداقلا «كىمكى مۇھەددىسلەر دېگەندەك دېسە، ئۇنىڭ گېپى خرىستىيانلارنىڭ مەسىھ ھەققىدىكى گېپىگە ئوخشاپ قالىدۇ ۋە قەدىملەرنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىشقا، ئىنسانلار ئوقۇيدىغان ‹قۇرئان›نى ئاللاھ تائالاغا ئوخشاش قەدىم دېيىشكە ئېلىپ بارىدۇ» دەپ قارايتتى. مۇئتەزىلەلەرنىڭ بۇ قارىشى ئىسلامنى ھىمايە قىلىشتىن ۋە ساغلام ئىماندىن خالىي بولمىغان بىر پوزىتسىيەدۇر.

ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل ۋە ئۇنىڭ فەقىھ، مۇھەددىس قېرىنداشلىرى دىنى ئۈچۈن ئېھتىياتتا بولغان بولسا، مۇئتەزىلەلەرمۇ دىنى ئۈچۈن ئېھتىياتتا بولغان ۋە ئىسلامغا سۇيىقەست قىلىشنى ئويلىغانلارغا قارىتا ھەقىقەتەن ئىشىكنى تاقىغان. ئۇلار بۇنىڭ بىلەن دىندىن چىقىپ كەتكىنى يوق. شۇنداق! ئىمام ئەھمەد ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى قىلغاندەك، بۇ مەسىلىگە قەتئىي كىرمىسە ياخشى بولاتتى، لېكىن ئىسلامغا ياخشىلىقنى خاھلىمايدىغانلار ئۇ گەپنى تارقىتىپ يېيىۋەتتى. ئۇنداق بولغانىكەن، ھەربىر مۇسۇلماننىڭ ئىسلامنى قوغداش ۋە ھەقىقەتنى ئۆز پېتى بايان قىلىش ۋە ئۇنىڭغا چاقىرىش مەجبۇرىيىتى بار.

[200] مۇئتەزىلەلەر بۇنى مەئمۇننىڭ تىلى بىلەن يوللانغان خەتلەردە ئوچۇق بايان قىلغان ۋە ئۇنىڭدا «قۇرئان قەدىم» دېگەنلەرنىڭ گېپى خرىستىيانلارنىڭ مەسىھ ھەققىدىكى دەۋاسى بىلەن ئوخشىشىپ قالىدىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ گېپىنىڭ باتىللىقىغا دەلىللەرنى كەلتۈرگەن. مۇشۇ خەتلەرنىڭ بىرىدە مۇنداق دېيىلگەن: «ئۇلارنىڭ گېپى خرىستىيانلارنىڭ مەريەم ئوغلى ئىيسا ھەققىدىكى ‹ئىيسا مەخلۇق ئەمەس› دېگەن دەۋاسىغا ئوخشاپ قالدى. چۈنكى، ئىيسامۇ ئاللاھنىڭ كەلىمەسى ئىدى». شۈبھىسىزكى، بۇ گەپ ئۇلارنىڭ خرىستىيانلارنىڭ «مەسىھ»، «ئاللاھنىڭ كەلىمەسى» دېگەندەك «قۇرئان» نەسلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ دەۋاسىغا ئىشلىتىۋېلىش مۇمكىنچىلىكىنى كۆزدە تۇتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەنە شۇ مۇئتەزىلەلەر «قۇرئاننىڭ قەدىملىكى» پىكرى، ياكى «قۇرئان»نى ئاللاھنىڭ سۆزى بولۇش ئېتىبارى بىلەن قەدىم دېيىشكە ئېلىپ بارىدىغان «قۇرئاننىڭ مەخلۇق ئەمەسلىكى» پىكرىنى بازار تاپقۇزۇش «مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىغا مەخپىي كىرگۈزۈلگەن خرىستىيانچە پىكىر» دەپ ئويلىغان بولسا كېرەك. ھالبۇكى ئۇ پىكىرنىڭ ئاستىدا «قۇرئان كەرىم»نى ئۇلۇغلاش ياتقانلىقى ئۈچۈن، كۆپچىلىك ئادەملەر ئۇنى قوبۇل قىلغان. يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، خرىستىيانلار مۇسۇلماننى ئېغىز يۇمدۇرۇش ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ كالامىنىڭ قەدىم ياكى ھادىس ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئىچكىرىلەشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش پىكرىنى ئەمەلىي قوللانغانىدى. ئۇنداق بولغاندا، مۇسۇلمان خرىستىيانلارنىڭ نەزەرىدە ئىلاھلىق ماقامىغا ئىگە بولغان مەسىھنىڭ قەدىملىكى ھەققىدە مۇنازىرىلەشمەيتتى. مۇئتەزىلەلەردىن بولغان ئەلجاھىز «ناسارا (النصارى)» دەپ ئاتىلىدىغان رىسالەسىدە، ئىسلامغا سۇيىقەست قىلغۇچىلارنىڭ «قۇرئان»نىڭ مەخلۇق ئەمەسلىك پىكرىدىن، يەنى فەقىھ ۋە مۇھەددىسلەرنىڭ پىكرىدىن مەمنۇن بولىدىغانلىقى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئاشۇ مۇھەددىسلەرنىڭ ئارقىسىدىن ماڭىدىغان ئاۋاملار ئارىسىدا ئۇ پىكىرنىڭ راۋاجلىنىشىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىغا ئىشارە قىلغان.

[201] شۈبھىسىزكى، بىز يۇھاننا دەمەشقىيگە ئوخشاشلار قوزغىغان يوشۇرۇن سۇيىقەستلەر بىلەن زۇلۇم – سىتەم تېمىسىنىڭ مۇناسىۋىتى بارلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلساقمۇ، يەنىلا خەتلەردە «قۇرئان»نىڭ مەخلۇق ئەمەسلىكى پىكرىنىڭ خرىستىيانلار دەيدىغان گەپكە باشلايدىغانلىقى ئوچۇق يېزىلغان. مۇئتەزىلەلەر «قۇرئان»نى قەدىم دېيىشنىڭ ئىلاھنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى دېيىشكە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب خرىستىيانلار ئاشۇنداق يولغا كىرىپ، مەسىھنىڭ قەدىملىكىنى دەۋا قىلغان، ئاندىن ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلغان ۋە ئۇنى ئىلاھ قىلىۋالغان. مۇئتەزىلەلەر ھەقىقەتەن ئەنە شۇ گەپنىڭ ئاۋامنىڭ ئارىسىدا يېيىلىپ كېتىشىدىن ۋە ئۈممەتنىڭ ئۇنى قوبۇل قىلىشىدىن ئەنسىرىگەن. ئۇنداق بولغاندا، خۇددى مەسىھ ئەلەيھىسسالامغا ئىبادەت قىلغان بىر ئەۋلاد كەلگەندەك، «قۇرئان»غا ئىبادەت قىلىدىغان بىر ئەۋلاد كېلەتتى. بولۇپمۇ، مۇئتەزىلەلەر ئاشۇ گەپنى دېگەن فەقىھ ۋە مۇھەددىسلەرگە كىشىلەرنىڭ ئىشەنگەنلىكىنى كۆرۈپ تېخىمۇ ئەنسىرىگەن.

[202] مانا بۇ گەرچە مالامەتنى تۈپتىن يوقىتالمىسىمۇ، بىز مۇئتەزىلەلەرنىڭ قىلغان زۇلمىغا قارىتا مالامەتنى يەڭگىللەتكۈدەك باھانە دەپ قارايدىغان نەرسىدۇر. لېكىن، زۇلۇم مۇئتەزىلەلەرنى ئىستەكلىرىگە يەتكۈزدىمۇ؟ زۇلۇم گۇناھىنى ئۇلار بىلەن بىرگە كىم ئۈستىگە ئالغان؟

شەكسىزكى، بۇ زۇلۇم خەلقنىڭ ئېزىلگەنلەرنى چوڭ بىلىشى، ئۇلارنىڭ تەپەككۇرىنى تارقىتىشى ۋە ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە زىيادە ئەھمىيەت بېرىشىگە ئېلىپ باردى. ھالبۇكى ئۇلارغا زۇلۇم راۋا كۆرۈلگۈدەك ئىش يوق ئىدى. چۈنكى، ئىبنى ھەنبەل بىز سۆزلەيدىغان ھەرپ ۋە كەلىمەلەرنىڭ قەدىم ئىكەنلىكىنى دېيىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغانىدى، ئەھمەدمۇ ۋە ئۇنىڭ ئارقىسىدىكىلەرمۇ بۇ گەپتىن ئۆزىنى قاچۇرغانىدى.

شۇنداق! بۇ مەسىلە كېيىنكىلەر تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىندى. كۆپلىگەن ئىسلام مۇتەپەككۇرلىرى مۇئتەزىلەلەرنىڭ قارىشىنى توغرا تاپقانمۇ بولدى(29). لېكىن، بۇ توغرا كۆرۈش زۇلۇم – سىتەمنىڭ نەتىجىسى بولماستىن، بەلكى ئالىملارنىڭ مۇنازىرىلىرىنىڭ ۋە مۇئتەزىلەلەر تارقاتقان رىسالەلەرنىڭ نەتىجىسى ئىدى. ناۋادا ئىش زۇلۇم سېلىنماستىن ئۆز پېتى قويۇپ بېرىلگەن بولسا ئىدى، چوقۇم مۇئتەزىلەلەرنىڭ پىكرى تېخىمۇ كۆپرەك تارقالغان بولاتتى ۋە ئۇلارنىڭ تارىخى ئەنە شۇ زۇلۇم بىلەن بۇلغانمىغان بولاتتى.

[203] بۇلار مۇئتەزىلەلەرنىڭ تەپەككۇرى، قاراشلىرى، تەتقىقاتلىرى ۋە مۇنازىرىلىرىدىن كۆرۈنۈشلەردۇر. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدىن مۇنداق روشەن ئۈچ ئىشنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ:

بىرىنچىسى: بۇلار ھەقىقەتەن ئىسلامنىڭ پەيلاسوپلىرى سانىلىدۇ. چۈنكى، ئۇلار ئىسلام ئەقىدىلىرىنى ئىسلام ھەقىقەتلىرى دائىرىسىدىن چىقىپ كەتمەي، ئۆزلىرىنى ئىسلام ھەقىقەتلىرىگە باغلاپ تۇرۇپ، ئەقلىي نۇقتىدىن تەتقىق قىلغان. شۇڭا، ئۇلار ئەقىدە بارىسىدىكى «قۇرئان» نەسلىرىنى پەلسەپەۋى چۈشىنىشتە چۈشىنىدۇ ۋە «قۇرئان» نەسلىرى كۆرسىتىدىغان ھەقىقەتلەرنى شەرىئەتنىڭ سىرتىغا چىقىپ كەتمەي چۈشىنىشكە شۇڭغۇيدۇ.

ئىككىنچىسى: ئۇلار ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇش، زىندىق، دىنسىز ۋە كافىرلارنىڭ ھىيلە – مىكىرلىرىگە زەربە بېرىشتىن ئىبارەت ئۈستلىرىدىكى ئىسلامنىڭ ھەققىنى ئادا قىلغان. ئابباسىيلار دۆلىتىنىڭ ئاۋۋالقى دەۋرلىرىدە يوپۇرۇلۇپ كەلگەن زىندىقلىق دولقۇنىنى توختىتىش ئۈچۈن ئۇلار بولمىسا بولمايتتى. شۇڭلاشقا، بۇ دۆلەتنىڭ ئاۋۋالقى خەلىفەلىرى ئۇلارنى قوللىغانىدى. ھارۇن رەشىدمۇ بىر زامان ئۇلار بىلەن قارشىلاشقان، لېكىن ئۇلارنىڭ شامان بۇتپەرەسلىرى ۋە ئۇندىن باشقىلار بىلەن ئېلىشالايدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇلارنى قويۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان.

ئۈچىنچىسى: ئۇلارنىڭ پىكىردىمۇ ۋە ئەمەلدىمۇ تاپتىن چىقىپ كەتكەن تەرەپلىرى بار. بۇ ئەھۋال ئەقلىنى ئۆز ئىختىيارىغا قويۇۋەتكەن كىشىلەردىن كۆپ سادىر بولىدۇ، گەرچە ئەقلىنى ئۆز ئىختىيارىغا قويۇۋېتىش نەسلەرنىڭ سايىسى ئاستىدا بولغان تەقدىردىمۇ.

 

ئىسلام مەزھەبلىرى تارىخى/ تاريخ المذاهب الإسلامية؛ ئىمام مۇھەممەد ئەبۇ زەھرە؛ مۇھەممەد قاۋۇل قاراخانىي تەرجىمىسى؛ ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى


1. «فەجرۇل ئىسلام» ناملىق كىتابتىن ئۆزلەشتۈرۈلۈپ ئېلىندى. بەت ياكى باسما يىلى يېزىلمىغان. بۇ ئېنىقكى مەزكۇر ئەسەرنىڭ 1929 – يىللىق 1 – باسمىسىدىن نەقىل بولۇپ، دوكتور ئەھمەد ئەمىن ئۇنى كىتابىنىڭ 2 – باسمىسىدا ئېلىۋەتكەن. دوكتور ئەھمەد ئەمىن م. 1933 – يىلى يانۋار، 2 – باسمىسىنىڭ مۇقەددىمەسىدە ئەرەب ۋە شەرقشۇناس تەتقىقاتچىلارنىڭ مۇھاكىمەلىرىدىكى پىكىر – مۇلاھىزەلىرىدىن پايدىلانغانلىقىنى ۋە بەزىبىر خاتالىقلارنى تۈزەتكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ ۋە مەزكۇر نەقىل يېرىگە كەلگەندە ھاشىيەدە مۇنداق ئىزاھات بېرىدۇ: «مەن بۇ كىتابنىڭ 1 – باسمىسىدا بىر پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويغانىدىم. ئۇ بولسىمۇ ‹ئۇلارنىڭ مۇئتەزىلە دەپ ئاتىلىشى يەھۇدىيلەر قويغان ئاتاق بولۇپ، يەھۇدىيلەر ئۆزلىرىنىڭ ئايرىلغۇچى دېگەن مەنىدىكى فېروشىم دېيىلىدىغان بىر پىرقەسىگە ئوخشىتىپ ئۇلارنى شۇنداق ئاتىغان›. مەن يەنە ئۇ باسمىدا: ‹بۇ نامنى يەھۇدىيلەردىن مۇسۇلمان بولغانلار ئىككى پىرقە ئوتتۇرىسىدىكى قەدەر ۋە باشقا مەسىلىلەردىكى قاراش ئوخشاشلىقنى كۆرۈپ، مۇئتەزىلەلەرگە قوللانغان بولۇشى يىراق ئەمەس› دېگەنىدىم. لېكىن، مەن قايتىدىن چوڭقۇرلاپ ئىزدەنگەندىن كېيىن ئۇ پەرەزىمدىن ياندىم». قاراڭ: دوكتور ئەھمەد ئەمىن: «فەجرۇل ئىسلام»، 313 – بەت، مۇئەسسەسەتۇ ھىنداۋىي. م. 2011.
2. مەقرىزىي: «ئەلمەۋائىزۇ ۋەلئىئتىبار»، 4/385.
3. ئەبۇلھۇسەين خەييات، ئابدۇررەھىم ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئوسمان: «ئەلئىنتىسار (الانتصار والرد على ابن الراوندي)»، 126 – بەت. نەشرگە تەييارلىغۇچى: نايبېرگ (Nyberg)، دارۇل كۇتۇبىل مىسرىييە مەتبەسى، قاهىرە، ھ. 1344/م. 1925.

4. شەخس (الشَّخْصُ): ئەرەبچىدە «ئېگىزلىكى ۋە كۆرۈنۈشى بار ھەرقانداق جىسىم»نى بىلدۈرىدۇ. كۆپىنچە ئىنسانغا ئىشلىتىلىدۇ. مۇتەكەللىملەر ئىستىلاھىدا: «كۆزگە كۆرۈنىدىغان گەۋدە، جىسىم» دېگەن مەنىدە. ئاللاھ تائالانىڭ جىسىم بولۇشى مۇھالدۇر. قاراڭ: قۇرتۇبىي: «ئەلمۇفھىم»، 13/124؛ «ئەرەب تىلى كومىتېتى»: «ئەلمۇئجەمۇل ۋەسىت»، 1/475.
5. جەۋھەر ۋە ئەرەز (الجوهَرُ وَالعَرَضُ): ئەرەبچىدە جەۋھەر (الجوهَرُ) كەلىمەسى «بىرنەرسىنىڭ ھەقىقىتى، ماھىيىتى ۋە ئېسىل تاش (گۆھەر)» نى، ئەرەز (العَرَضُ) كەلىمەسى «ئىنسان ۋاقىتلىق دۇچار بولىدىغان ئەھۋال ۋە مال – دۇنيا»نى كۆرسىتىدۇ. مۇتەكەللىملەر ئىستىلاھىدا بۇ ئىككى كەلىمە بىر – بىرى بىلەن باغلىنىپ، «جەۋھەر ۋە ئەرەز» دەلىلى ئاللاھنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى ئىسپاتلاشتا ئىشلىتىلگەن. ئۇلار ئالەم (يەنى ئاللاھ تائالادىن باشقا پۈتۈن مەۋجۇدات) نى ئەرەزلەردىن ئايرىلمايدىغان جەۋھەر ۋە جەۋھەردىن ئايرىلمايدىغان ئۆزگىرىشچان ئەرەز دەپ ئىككىگە بۆلۈشىدۇ. جەۋھەر: «ئۆز زاتى بىلەن تۇرالايدىغان نەرسە»دۇر. ئەھلى كالامنىڭ نەزەرىدە جەۋھەرنىڭ ئۆز زاتى بىلەن تۇرالىشىنىڭ مەنىسى: «ئىككىنچى بىرنەرسىنىڭ بوشلۇق ئىگىلىشىگە تاﺑﯩﺌ بولماستىن بوشلۇق ئىگىلىشىدۇر». ئەرەز: «ئۆز زاتى بىلەن تۇرالمايدىغان نەرسە». ئەرەزنىڭ بوشلۇق ئىگىلىشى جەۋھەرنىڭ بوشلۇق ئىگىلىشىگە تابىئتۇر. مەسىلەن، جىسىم جەۋھەر، رەڭ ئەرەزدۇر. قاراڭ: «ئەرەب تىلى كومىتېتى»: «ئەلمۇئجەمۇل ۋەسىت»، 1/149، 2/594؛ تەفتازانىي: «شرح العقائد النسفية»، 40 – بەت، دارۇ ئىھيائىتتۇراس ئەلئەرەبىي بېيرۇت، م. 2014؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ»، 638، 1105 – بەتلەر.

6. ئىمام ئەشئەرىي: «ماقالاتۇل ئىسلامىييىن (مَقَالَاتِ الْإِسْلَامِيِّينَ)»، مۇئتەزىلە بۆلۈمى. مەكتەبەتۇلئەسرىييە، بېيرۇت.
7. بۇ ئۇلارنىڭ بىردەك قارىشى ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ قارىشى.
8. بۇنىڭغا ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ بۇ سۆزىنى دەلىل قىلغان: ﴿مَا أَصَابَكَ مِنْ حَسَنَةٍ فَمِنَ اللَّهِ وَمَا أَصَابَكَ مِن سَيِّئَةٍ فَمِن نَّفْسِكَ / ساڭا يەتكەن ياخشىلىق ئاللاھتىندۇر، ساڭا يەتكەن يامانلىق ئۆزۈڭدىندۇر﴾(4/«نىساﺋ»: 29).
9. مەسئۇدىي: «مۇرۇجۇززەھەب»، 3/221، 222.
10. شەھرىستانىي: «ئەلمىلەلۇ ۋەننىھەل»، 1/42، 43.
11. شەھرىستانىي: «ئەلمىلەلۇ ۋەننىھەل»، 1/38.
12. ئەبۇلھەسەن ئەشئەرىي: «ماقالاتۇل ئىسلامىييىن»، 2/266.
13. ئەبۇلھۇسەين خەييات، ئابدۇررەھىم ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئوسمان: «ئەلئىنتىسار»، نەشرگە تەييارلىغۇچىنىڭ مۇقەددىمەسى، 59 – بەت.
14. ئابدۇلقاھىر ئەلباغدادىي: «ئەلفەرق بەينەل فىرەق»، 167، 168 – بەت.
15. ئەبۇلھۇسەين خەييات، ئابدۇررەھىم ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئوسمان: «ئەلئىنتىسار»، 70 – بەت.
16. جاھىز: «رەسائىلۇل جاھىز (رسائل الجاحظ)»، 3/298، نەشرگە تەييارلىغۇچى: ئابدۇسسالام مۇھەممەد ھارۇن، مەكتەبەتۇ خانجى، قاهىرە، ھ. 1384/م. 1964.
17. جاھىز: «رەسائىلۇل جاھىز»، 3/292.
18. جاھىز: «رەسائىلۇل جاھىز»، 3/292.

19. كۇنيەت / كۇنيە (الْكُنْيَةُ): ئەرەب جەمئىيىتىدە «ئەبۇ»، «ئۇممۇ»، «ئىبنى» ياكى «بىنتى» دېگەندەك كەلىمەلەر بىلەن تۈزۈلىدىغان، شەخسلەرگە ئىسىم ياكى لەقەملىرى بىلەن قوشۇپ – قوشماي قوللىنىلىدىغان تونۇتقۇچى ئىبارە. ئادەتتە ئېسىل كىشىلەرگە ھۆرمەت يۈزىسىدىن ئىسمىنى بىۋاسىتە ئاتاشنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن، ئەبۇلقاسىم (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم)، ئەبۇبەكرى، ئۇممۇ سەلەمە، ئىبنى ئۆمەر دېگەندەك. بوۋاققىمۇ خۇش پال ئېلىش جەھەتتىن كۇنيە ئىشلىتىلىدۇ. بەزى يىرتقۇچ ھايۋاناتلارغىمۇ، تىلغا ئېلىش ئەپسىز نەرسىلەرگىمۇ كىنايە تەرىقىسىدە ئىشلىتىلىدۇ. قاراڭ: «ئەرەب تىلى كومىتېتى»: «ئەلمۇئجەمۇل ۋەسىت»، 2/802؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى»، (تۈركچە) 26/558 – 559، ئىستانبۇل، م. 2002.
20. سەھبان — ساھابەلەر دەۋرىدە ياشىغان ۋە پۈتۈن ئەرەبلەرنىڭ ئېتىراپىغا ئېرىشكەن داڭلىق ناتىق كىشى.
21. ئەبۇلھۇسەين خەييات، ئابدۇررەھىم ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئوسمان: «ئەلئىنتىسار»، 30، 31 – بەت.
22. يەنى سەپسەتىچىلەر شەيئىلەرنىڭ ھەقىقەتلىرىدىن شەكلىنىدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ نەزەرىدە ئىنسان ۋە زىرائەت ھەرئىككىلىسى تەسىرىنى ئۆزىنىڭ ھەقىقىتىدىن ئەمەس، ئىنساننىڭ سۇبيېكتىپ ئىدېئالىزمىدىن ئالىدۇ.
23. تەبەرىي: «تارىخۇ تەبەرىي»، 9/107.
24. ئۇشرۇسانا ماۋەرائۇننەھردىكى بىر تارىخىي رايون بولۇپ، فەرغانە بىلەن خوجەند ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان. بەزى تارىخچىلار «ئۇسرۇشانا» دەپ ئالىدۇ.
25. دەمىرىي: «ھەياتۇلھەيەۋان ئەلكۇبرا»، 1/122، دارۇل كۇتۇبىل ئىلمىييە، بېيرۇت.
26. مۇسھەف (الْمُصْحَفُ): ئەرەبچىدە «سەھىپىلەرنىڭ جۇغلانمىسى» دېگەن مەنىدە. قىرائەت ۋە قۇرئان ئىلىملىرى ئىستىلاھىدا: بىر تاشلىق ياكى ئىككى مۇقاۋا ئارىسىغا جەملەنگەن، پەقەت ئاللاھنىڭ جىمى ئايەتلىرىلا يېزىلغان سەھىپىلەرنىڭ ئىسمىدۇر. «قۇرئان» بولسا ئاشۇ كىتابتا يېزىلغان ئاللاھنىڭ كالامىدۇر. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 38/5؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 1306 – بەت.

27. ئىمام ئىبراھىم ھەربىي: «قۇرئاننىڭ مەخلۇق ئەمەسلىكى ھەققىدە رىسالە (رِسَالَةُ فِيْ أَنَّ الْقُرْآنَ غَيْرُ مَخْلُوْقٍ)»، 60 – بەت، دارۇلئاسىمە، رىياد.
28. شەرقشۇناس جوزىف شاخت (Joseph Schacht 1902 – 1969) نىڭ ئىككى قىسىملىق كىتابىدۇر. مۇھەممەد رۇھەير سەمھۇرىي قاتارلىقلار تەرجىمىسى، دوكتور شاكىر مۇستافا نەشرگە تەييارلىغان. ئالەمۇلمەئرىفە، كۇۋەيت، م. 1978.
29. يەنى ئەينى چاغدا مەسىلىنى ئىلمىيلەشتۈرمەي سىياسىيلاشتۇرۇش ۋە كالامىي ئېقىملارئارا تىركىشىش تەسىرى ئاستىدا ئۆزئارا چۈشىنىشمەسلىك ياكى دەتالاش ئوبيېكتىنى دەل ئايدىڭلاشتۇرماسلىق سەۋەبلىك قارشى تەرەپنىڭكىنى خاتاغا چىقىرىش بولغان بولسىمۇ، كېيىنچە بۇ غەلۋىلەر ۋە بېسىملار جىمىققاندىن كېيىن كەلگەن كالام ئەھلى ئەھلىسۈننەت ئالىملىرىنىڭ كۆپچىلىكى مۇئتەزىلەلەرنىڭ قۇرئاننىڭ يېزىقتا سىياھ بىلەن شەكىل كىرگۈزۈلگەن ھەرپلىرىنىڭ ۋە ئۇ تىلاۋەت قىلىنغان ئاۋازلارنىڭمۇ شەكسىز ھادىس ئىكەنلىكىنى ئەھلىسۈننەت ئەزەلدىن توغرا دەپ كەلگەن نۇقتا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. دېمەك، مۇشۇ يەردىكى ھەرپ ۋە ئاۋازلار ھادىس دېگەن قاراش نەتىجىدە مۇئتەزىلەلەر بىلەن ئەھلى سۈننەتنىڭ ئىتتىپاق نۇقتىسىغا ئايلانغان. توغرا تاپقان دېگىنى مۇشۇ نۇقتىدىن. ھەرگىزمۇ مۇئتەزىلەلەرنىڭ قارىشىغا ئۆتكەن دېگەنلىك ئەمەس. چۈنكى، ئەھلى سۈننەت كالامۇللاھنى ئۇدۇل مەخلۇق دېيىشنى توغرا تاپماي، مەسىلىنى ئېنىقلاشتۇرۇپ ھەرپ ۋە ئاۋازنى مەخلۇق، ئەمما ئەزەلىي ۋە نەپسىي كالام مەخلۇق ئەمەس دېگەن تەھقىقىي قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان. لېكىن، ئۇلار مۇئتەزىلەلەرنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە كالام سۈپىتى بىلەن مۇتەكەللىم بولۇشىنى ئىنكار قىلىشىنى ئىزچىل توغرا تاپماي كەلگەن.

Please follow and like us: