ئېتىقادىي مەزھەبلەر (3) مۇرجىئەلەر

ئېتىقادىي مەزھەبلەر (3) مۇرجىئەلەر

[150] بۇ پىرقە «كەبائىرنى سادىر قىلغۇچى مۇئمىنمۇ ياكى مۇئمىن ئەمەسمۇ» دەپ دەتالاشلار كۆپەيگەن بىر مۇھىتتا پەيدا بولغان. خاۋارىجلار: «كافىر» دېگەن. مۇئتەزىلەلەر: «مۇئمىن ئەمەس، مۇسۇلمان دەپ ئاتىلىدۇ» دېگەن. ھەسەن بەسرىي ۋە تابىئىننىڭ بىر بۆلۈكى: «ئۇ مۇناپىق، چۈنكى ئەمەللەر قەلبكە دەلىلدۇر، تىل ئىمانغا دەلىل ئەمەس» دېگەن. مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپچىلىكى: «ئۇ ئاسىي مۇئمىندۇر، ئاقىۋىتى ئاللاھنىڭ قولىدىدۇر، ئاللاھ خاھلىسا ئۇنى گۇناھىنىڭ مىقدارى تۇشلۇق ئازابلايدۇ، خاھلىسا ئەپۇ قىلىدۇ» دېگەن. مۇشۇ ئىختىلاپ ئەسناسىدا بۇ پىرقە «كۇفۇر بار ھالدا تائەتنىڭ پايدىسى بولمىغاندەك، ئىمان بار ھالدا گۇناھنىڭ زەرەرى يوق» دەپ جاكارلىغان. ئۆزلىرىنى ئۇلارغا مەنسۇپ قىلىدىغانلار ئىچىدە «گۇناھ قىلغۇچىنىڭ ئىشى ئاللاھ تائالانىڭ قىيامەت كۈنىدىكى ھۆكمىگە كېچىكتۈرۈلىدۇ» دېگەنلەرمۇ بار. بۇلار كۆپچىلىك سۈننىي ئالىملارنىڭ چوڭ بىر تائىپىسى بىلەن زور دەرىجىدە ئوخشىشىپ قالىدۇ، بەلكى تەكشۈرۈپ كۆرگەندە، ئۇلارنىڭ قاراشلىرىنىڭ كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قاراشلىرى ئىكەنلىكى ئايان بولىدۇ.

[151] بۇ پىرقە تۇنجى قېتىم ساھابەلەر دەۋرىدە، يەنى ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە بىخ سۈرۈپ چىقتى. چۈنكى، ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ ھاكىمىيىتى توغرىسىدا گەپ – سۆزلەر تارقىلىپ، ئىسلام يۇرتلىرىنى قاپلىغان ۋە ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى بىلەن تۈگەللەنگەن فىتنەلەر پەيدا بولغانىدى. شۇ ئەسنادا ساھابەلەرنىڭ بىر تۈركۈمى سۈكۈت يولىنى تاللاپ، مۇسۇلمانلارنى ئېغىر بۆلۈۋەتكەن ئاشۇ فىتنەلەرگە قاتنىشىشتىن ئۆزلىرىنى چەتكە ئالدى. ئۇلار ئەبۇبەكرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنۇ ھەدىسىگە ئېسىلدى: «إِنَّهَا سَتَكُونُ فِتَنٌ أَلاَ ثُمَّ تَكُونُ فِتْنَةٌ الْقَاعِدُ فِيهَا خَيْرٌ مِنَ الْمَاشِي فِيهَا وَالْمَاشِي فِيهَا خَيْرٌ مِنَ السَّاعِي إِلَيْهَا أَلاَ فَإِذَا نَزَلَتْ أَوْ وَقَعَتْ فَمَنْ كَانَ لَهُ إِبِلٌ فَلْيَلْحَقْ بِإِبِلِهِ وَمَنْ كَانَتْ لَهُ غَنَمٌ فَلْيَلْحَقْ بِغَنَمِهِ وَمَنْ كَانَتْ لَهُ أَرْضٌ فَلْيَلْحَقْ بِأَرْضِهِ». قَالَ: فَقَالَ رَجُلٌ يَا رَسُولَ اللَّهِ أَرَأَيْتَ مَنْ لَمْ يَكُنْ لَهُ إِبِلٌ وَلاَ غَنَمٌ وَلاَ أَرْضٌ قَالَ «يَعْمِدُ إِلَى سَيْفِهِ فَيَدُقُّ عَلَى حَدِّهِ بِحَجَرٍ ثُمَّ لْيَنْجُ إِنِ اسْتَطَاعَ النَّجَاءَ / «كەلگۈسىدە چوقۇم فىتنەلەر بولىدۇ. ئۇ چاغدا فىتنەگە ئارىلاشماي ئولتۇرغان كىشى فىتنەگە ماڭغان كىشىدىن ياخشىدۇر، فىتنەگە ماڭغان كىشى فىتنەگە يۈگۈرگەن كىشىدىن ياخشىدۇر. بىلىڭلاركى، ئەگەر فىتنە يۈز بەرسە، تۆگىسى بارلار تۆگىسى بىلەن، قويى بارلار قويى بىلەن، تېرىلغۇ يېرى بارلار تېرىلغۇ يېرى بىلەن مەشغۇل بولسۇن» دېگەندە، بىر ئادەم: «ئى رەسۇلۇللاھ! نە تۆگىسى، نە قويى، نە تېرىلغۇ يېرى بولمىغان كىشى قانداق قىلىدۇ؟» دەپ سورىغان ئىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئۇنداق كىشى قىلىچىنى ئېلىپ، بىسىنى تاشقا ئۇرۇپ قايرىۋەتسۇن، ئاندىن بىر ئامال قىلىپ ئۇ فىتنەدىن قۇتۇلالىسا قۇتۇلسۇن» دېدى(1).

ئەنە شۇ تائىپە ھەزرىتى ئوسماننىڭ دەۋرىدە پەيدا بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى بىلەن ئاياغلاشقان فىتنەلەرگە ئارىلىشىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان. ئاندىن ئۇ فىتنەلەرنىڭ ئايىغى ئەلى كەررەمەللاھۇ ۋەجھەھۇنىڭ دەۋرىگىچە سوزۇلغاندىن كېيىن، ئۇلار داۋاملىق ئۆزلىرىنى قاچۇرغان. ئۇلار مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى ھەزرىتى ئەلى بىلەن مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ئۇرۇشلار ھەققىدە ئۆزلىرىنىڭ پىكرىنى ئىزھار قىلىشقا كۆڭۈلشىمىگەن. سەئد ئىبنى ئەبى ۋەققاس، يۇقىرىقى ھەدىسنىڭ راۋىيسى ئەبۇبەكرە، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر ۋە ئىمران ئىبنى ھۇساين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇم مۇشۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر. بۇ ئارقىلىق ئۇلار ئىككى تائىپىنىڭ قايسىسى ھەقلىقراق ئىكەنلىكىدىكى ھۆكۈمنى كېچىكتۈرگەن ۋە ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالاغا تاپشۇرغان. بۇ ھەقتە ئىمام نەۋەۋىي(2): «مەزكۇر مەسىلىلەر ساھابەلەر ئارىسىدا شۈبھىلىك ئىدى، ھەتتا ساھابەلەردىن بىر جامائەت ئۇ مەسىلىلەر ھەققىدە گاڭگىراپ قېلىپ، ئىككىلى تائىپىدىن يىراقلاشقان، ئۇرۇش قىلمىغان ۋە قايسىسىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگىمۇ جەزم قىلمىغان» دېگەن(3).

[152] بەزى چوڭ ساھابەلەرنىڭ (سۈكۈت قىلىپ) ھۆكۈمنى كېچىكتۈرگەنلىكى سەۋەبىدىن، ئۇرۇشقانلارنىڭ كۆپىگە شەك ھۆكۈم سۈرگەن. شۇڭا، ئۇلارنى ئىبنى ئەساكىر ئۆزىنىڭ تارىخ كىتابىدا «شەكلەنگۈچىلەر» يەنى بۇ ئىختىلاپتا كىمنىڭ ھەق ئىكەنلىكىدە شەكلەنگۈچىلەر دەپ ئاتىغان. ئىبنى ئەساكىر ئېيتىدۇ: «ئۇلار (كىمنىڭ ھەق ئىكەنلىكىدە) شەكلىنىپ قالغانلاردۇر. ئۇلار غازاتلاردا بولۇپ، ئوسماننىڭ قەتلىدىن كېيىن مەدىنەگە كەلگەندە، دەتالاشسىز، ئۆزئارا ئىناق – ئېجىل قالغان كىشىلەرنىڭ ئەمدىلىكتە ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ مۇنداق دېگەن: ‹بىز سىلەرنى ئىختىلاپسىز ئىناق ھالدا تاشلاپ كەتكەنىدۇق، سىلەرنىڭ ئىختىلاپلىشىۋاتقان ھالىتىڭلارنىڭ ئۈستىگە كەلدۇق. بەزىڭلار: ”ئوسمان زۇلۇم بىلەن ئۆلتۈرۈلدى، ئۇ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئادالەتكە ئەڭ يېقىن ئىدى“ دەيسىلەر، بەزىڭلار: ”ئەلى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ھەقكە ئەڭ يېقىن“ دەيدۇ. ھەممىڭلار ئىشەنچلىك، ھەممىڭلارغا ئىشىنىمىز. بىز ئۇ ئىككىسىدىن ئادا – جۇدا بولمايمىز، لەنەتمۇ ئېيتمايمىز ۋە ئۇلارنىڭ زىيىنىغا گۇۋاھلىق بەرمەيمىز، تا ئۇلار ئارىسىدا ئاللاھ ئۆزى ھۆكۈم قىلغۇچە ئىككىسىنىڭ ئىشىنى ئاللاھقا قويىمىز›»(4).

[153] مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى ئىختىلاپلار بۇ چەكتە توختىماستىن، بارغانسېرى ئۇلغىيىپ، ئۇنىڭغا چوڭ گۇناھ قىلغۇچىنىڭ مەسىلىسى قوشۇلغاندىن كېيىن، بەزى ساھابەلەر ماڭغان «مۇرجىئەلىك» (يەنى ھۆكۈمنى ئاللاھقا كېچىكتۈرۈش) يولىنى تۇتۇپ ماڭىدىغان بىر تائىپە مەۋجۇد بولدى. ئۇلار «بۇ مەسىلىدە چوڭ گۇناھ قىلغۇچىنىڭ ئىشى كېچىكتۈرۈلىدۇ، ئۇنىڭ ھۆكمى غەيبلەرنى بىلگۈچى ئاللاھقا تاپشۇرۇلىدۇ» دەپ قارار قىلدى ۋە سىياسىي ئىختىلاپقا ئارىلىشىشتىن ئۆزلىرىنى چەتكە ئالدى، شۇنداقلا ئۇلار چوڭ گۇناھ قىلغۇچىنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىشتىنمۇ ئۆزلىرىنى چەتكە ئالدى. چۈنكى، ئۇ مەسىلىمۇ سىياسىي ئىختىلاپتىن كېلىپ چىققان. چۈنكى، ئۇنىڭ ئاساسى خاۋارىجلارنىڭ ئۆزلىرىگە مۇخالىپ بولغان پۈتۈن كىشىلەرنى كافىرغا چىقىرىشى ئىدى. ئىختىلاپلاشقۇچىلار ھەققىدە ئىككىلەنگەن بۇ مۇرجىئەلەر ئېيتتى: «ئۇلار ›لا ئىلاھە ئىللەللاھ مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ‹ دەپ گۇۋاھلىق بېرىدۇ، دېمەك، ئۇلار كافىرمۇ ئەمەس، مۇشرىكمۇ ئەمەس، بەلكى مۇسۇلماندۇر، ئۇلارنىڭ ئىشىنى ئىنسانلارنىڭ سىرلىرىنى بىلىدىغان ۋە ئۇلاردىن ھېساب ئالىدىغان ئاللاھقا كېچىكتۈرىمىز».

[154] بۇ، يەنى سىياسىي ئىختىلاپقا ئارىلاشماسلىق ۋە چوڭ گۇناھ قىلغۇچىنىڭ ئىشىنى قىيامەت كۈنىگىچە ئاللاھقا تاپشۇرۇش(5) شەكسىز توغرا يولدۇر. چۈنكى، گۇناھكاردىن ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى يۇيۇپ، يامانلىقلىرىنى ياخشىلىقلارغا ئالماشتۇرىدىغان بىر ئىشلار سادىر بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. لېكىن، بۇلاردىن كېيىن بىر ئەۋلاد كېلىپ، چوڭ گۇناھ قىلغۇچىغا قارىتا ئاشۇ بىتەرەپ مەيداندا تۇرماستىن، ئۇنىڭدىن ھالقىپ، ئىمان بار ھالدا ھېچبىر گۇناھنىڭ زەرەرى يوقلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە مۇنداق دېدى: «ئىمان دېمەك ئىقرار، تەستىق، ئېتىقاد ۋە تونۇماقتۇر، مۇشۇ ھەقىقەتلەر بار ھالدا ھېچبىر گۇناھ زىيان قىلمايدۇ. چۈنكى، ئىمان ئەمەلدىن ئايرىمدۇر». ھەتتا ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ناھايىتى چەكتىن ئېشىپ «ئىمان دېگەن قەلب بىلەن ئېتىقاد قىلىشتۇر. ئىنسان تىلى بىلەن كۇفۇرنى ئاشكارىلاپ، بۇتقا ئىبادەت قىلسىمۇ، ئىسلام دىيارىدا يەھۇدىيلىق ياكى خرىستىيانلىققا ئەمەل قىلىپ، كىرىستقا ئىبادەت قىلسىمۇ ۋە ئىسلام دىيارىدا ئۈچ خۇدالىقنى ئېلان قىلسىمۇ ۋە شۇنىڭ ئۈستىدە ئۆلسىمۇ، ئۇ ئاللاھنىڭ نەزەرىدە ئىمانى كامىل مۇئمىندۇر ۋە جەننەت ئەھلىدىندۇر» دەپ دەۋا قىلدى(6).

ھەتتا ئۇلارنىڭ بەزىلىرى دېدىكى: «ئەگەر بىر كىشى ئاللاھ چوشقىنى يېيىشنى ھارام قىلدى، بىراق ئۇ ھارام قىلغان چوشقا بۇ قويمۇ ياكى ئۇندىن باشقىمۇ، بىلمەيمەن دېسە، مۇئمىن بولىۋېرىدۇ؛ ئەگەر ئۇ ئاللاھ كەئبەگە بېرىپ ھەج قىلىشنى پەرز قىلدى، بىراق كەئبە نەدە بىلمەيمەن، ئۇ بەلكىم ھىندىستاندا بولسا كېرەك دېسە، يەنىلا مۇئمىن بولىۋېرىدۇ». ئۇلار بۇ ئىشلاردا شەك قىلغۇچى ئەمەس، بەلكى ئۇلار بۇنداق قاراشلار ئىماندىن تاشقىرى ئىشلاردۇر، دېمەكچى. چۈنكى، ھېچبىر ئەقىل ئىگىسى كەئبەنىڭ قايسى تەرەپتە ئىكەنلىكىدە ۋە چوشقا بىلەن قوينىڭ ئارىسىدىكى پەرقنىڭ ئاشكارا ئىكەنلىكىدە شەك قىلمايدۇ(7).

بۇنىڭدىن شۇ ئايدىڭلىشىدۇكى، ئۇلار ئەمەلنىڭ ئىماننىڭ يىلتىزىغا تۇتىشىدىغانلىقى ۋە ئەمەلنىڭ ئەگەر ياخشى بولسا جەننەتكە كىرگۈزۈش، يامان بولسا، بەلكى چەكلەنگەن گۇناھ بولسا دوزاخقا كىرگۈزۈشتىكى تەسىرى جەھەتتىن، ئەمەلگە سەل قاراشتا چەكتىن ئېشىپ كەتكەن. نەتىجىدە ئۇلار ئىماننىڭ ئەسلىگىمۇ سەل قاراپ، ئىماننىڭ ھەقىقىتىنى ئۆزگەرتكەن ۋە ئۇنى نوقۇل قەلبىي بويسۇنۇش قىلىپ قويغان، گەرچە ئەزالار بۇنىڭغا قارشى بولسىمۇ ھەمدە كىشىدىن سادىر بولغان پۈتۈن ھادىسىلەر ئۇنىڭ قەلبىگە ھېچبىر ئىمان ۋە بويسۇنۇشنىڭ كىرمىگەنلىكىنى كۆرسەتسىمۇ. ھەتتا ئۇلار بۇنىڭ بىلەن توختىماي، ئۆزلىرى ئېتىبارغا ئالغان يالغۇز قەلبىي بويسۇنۇشنىڭ ئىماننىڭ رۇكنى ئىكەنلىكىنى دېيىشكە، بەدىيھىي(8) (ئاكسىئوما) مەلۇماتلاردىن ئىبارەت بىر قىسىم ھەقىقەتلەرنى ئىماننىڭ جەۋھىرىدىن ئەمەس دەپ ئۇلاردىن شەكلىنىشكە ھالقىدى ۋە «كەئبەنى بىلمەسلىك ئىمانغا زىيان قىلمايدۇ، چوشقىنىڭ ماھىيىتىنى بىلمەسلىكنىڭ زىيىنى يوق» دەپ دەۋا قىلدى. ئاخىردىكى نەرسىلەرنى بىلمەسلىكنىڭ راستتىنلا ئىمانغا زىيىنى بولماسلىقى مۇمكىن، لېكىن ئەقىلگە زىيىنى بار.

[155] ئاشۇ ناتوغرا گەپلەرنىڭ ئارىسىدا، بۇ مەزھەبكە ئەگىشىدىغانلار ئىچىدىن ئىماننىڭ ھەقىقەتلىرىگە، تائەت – ئەمەللەرگە سەل قارايدىغانلار ۋە پەزىلەتلىك ئەمەللەرگە سەل قارايدىغانلار پەيدا بولدى. ھەربىر بۇزغۇنچى ناكەس بۇ مەزھەبنى ئۆزىنىڭ مەزھەبى قىلدى. بۇزغۇنچىلار بۇ مەزھەبنى ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىغا ۋاسىتە، بۇزۇقچىلىقلىرىغا مەنبە، بەتنىيەتلىرىگە باھانە قىلدى. بۇ مەزھەب بۇزغۇنچىلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ھاۋايى – ھەۋىسىگە توغرا كېلىپ قالدى.

بۇ ھەقتە ئەبۇلفەرەج ئەسفەھانىي «ئەلئەغانىي (الأَغَانِيْ)»دا رىۋايەت قىلغان مۇنداق بىر ھېكايە بار: «رىۋايەت قىلىنىشىچە، بىر شىئە بىلەن بىر مۇرجىئە دەۋالىشىپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىككىلىسى ئۆزلىرىگە ئۇچرىغان تۇنجى كىشىنى ئارىلىرىدا ھەكەم قىلىشقا كېلىشىپتۇ. نەتىجىدە ئۇلارغا ئەخلاق ۋە قانۇن چەكلىمىسىدىن چىقىپ كەتكەنلەرنىڭ بىرى ئۇچراپتۇ. ئىككىسى ئۇنىڭغا: ‹قايسىمىز ياخشى، شىئەمۇ ياكى مۇرجىئەمۇ› دەپ سوراپتىكەن، ئۇ: ‹بىلىپ قېلىڭلار، مېنىڭ ئۈستۈم شىئە، ئاستىم مۇرجىئە› دەپتۇ»(9).

[156] يۇقىرىقىلاردىن شۇ خۇلاسىلىنىدۇكى، مۇرجىئە ئىككى خىل تائىپىنىڭ مەزھەبى بولغان. بىرى ساھابەلەر ئارىسىدا يۈز بەرگەن ئىختىلاپقا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇمەۋىيلەر دەۋرىدە يۈز بەرگەن ئىختىلاپقا ھۆكۈم قىلماي سۈكۈت قىلغان. يەنە بىر تائىپە بولسا «ئاللاھنىڭ ئەپۇسى ھەممىنى سىغدۇرىدۇ دەپ قارايدىغان ۋە ئاللاھ كۇفۇردىن باشقا ھەممە گۇناھنى ئەپۇ قىلىدۇ، كۇفۇر بار ھالدا تائەتنىڭ پايدىسى بولمىغاندەك، ئىمان بار ھالدا گۇناھنىڭ زىيىنى يوق» دەپ ھۆكۈم قىلىدىغان تائىپىدۇر. بۇ تائىپە ھەققىدە زەيد ئىبنى ئەلى ئىبنى ھۈسەين: «پاسىقلارنى ئاللاھ تائالانىڭ ئەپۇسىغا تەمەگەر قىلىپ قويغان مۇرجىئەلەردىن ئادا – جۇدامەن» دېگەن. بۇ تائىپە مۇرجىئە دېگەن ئىسىمنى بەتبەشىرە كۆرسىتىۋەتكەن بولۇپ، ئالىملار ۋە تائىپىلەر شۇ ئىسىم بىلەن تىللىنىدىغان بولۇپ قالغان.

«چوڭ گۇناھ قىلغۇچى دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ» دەيدىغان مۇئتەزىلەلەر مۇرجىئە دېگەن ئىسىمنى ئۆزلىرىدەك قاراشتا قارىماي، بەلكى «چوڭ گۇناھ قىلغۇچى دوزاختا مەڭگۈ قالمايدۇ» دەپ قارايدىغان ھەرقانداق ئادەمگە ئىشلىتەتتى، ھەتتا بىراۋ «چوڭ گۇناھ قىلغۇچى دوزاختا مەلۇم مىقداردا ئازابلىنىدۇ، ئاللاھ ئۇنى ئەپۇ قىلىپ، ئۇنى ئۆز رەھمىتى بىلەن يۆگىشىمۇ مۇمكىن» دەيدىغان بولسىمۇ، شۇنىڭغىمۇ «مۇرجىئە» دېگەن ئىسىمنى ئىشلىتەتتى. شۇڭا، ئۇلار فىقھ ۋە سۈننەت ئىماملىرىنىڭ كۆپىگە مۇرجىئە دېگەن سۈپەتنى قوللانغانىدى. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرى ئىمام ئەبۇ يۈسۈف، ئىمام مۇھەممەد ۋە باشقىلارغا مۇشۇ ئېتىباردا مۇرجىئە دېگەن سۈپەت قوللىنىلغان. بۇ توغرۇلۇق شەھرىستانىي مۇنداق دېگەن:

«قەسەم قىلىمەنكى، ئەبۇ ھەنىفە ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرىغا ‹ئەھلىسۈننەت مۇرجىئەلىرى› دېيىلگەنىدى. بۇنىڭ سەۋەبى ئەبۇ ھەنىفەنىڭ ‹ئىمان دېمەك قەلب بىلەن تەستىقلاشتۇر، ئىمان ئارتمايدۇ ۋە كېمەيمەيدۇ› دېگەنلىكى بولسا كېرەك. ئۇلار ئەبۇ ھەنىفەنى ئەمەلگە سەل قارايدۇ دەپ گۇمان قىلغان. ئەبۇ ھەنىفە ئەمەلگە ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن قارايدىغان ئالىم تۇرسا، قانداقمۇ ئەمەلنى تەرك ئېتىشكە پەتۋا بەرسۇن؟! بۇ ئىشنىڭ يەنە بىر تەرىپى بار، ئۇ بولسىمۇ ئەبۇ ھەنىفە ئەۋۋەلقى دەۋردە پەيدا بولغان قەدەرىيلەر ۋە مۇئتەزىلەلەرگە قارشى يول تۇتقان ئىدى. مۇئتەزىلەلەر قەدەر مەسىلىسىدە ئۆزلىرىگە قارشى پىكىردە بولغانلارنىڭ ھەممىسىگە مۇرجىئە دەپ لەقەم قوياتتى، خاۋارىجلارمۇ شۇنداق ئىدى. بۇ لەقەمنى ئەبۇ ھەنىفەگە مۇئتەزىلە ۋە خاۋارىج پىرقەلىرىنىڭ چاپلاپ قويغانلىقى ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس»(10).

مۇشۇ يوسۇندا ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرىدىن باشقا نۇرغۇن ئىماملار مۇرجىئەلەردىن سانالغان، ئۇلار ئىچىدە ھەسەن ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب، سەئىد ئىبنى جۇبەير، ئەمر ئىبنى مۇررە، مۇھارىب ئىبنى سەئر، مۇقاتىل ئىبنى سۇلايمان، ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ ئۇستازى ھەمماد ئىبنى ئەبۇ سۇلايمان ۋە قەدىد ئىبنى جەئفەر قاتارلىقلار بار. مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى ھەدىس ئىماملىرىدىن بولۇپ، ئۇلار چوڭ گۇناھ قىلغۇچىلارنى كافىرغا چىقارمىغان ھەم ئۇلارغا «دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ» دەپ ھۆكۈم قىلمىغان.

[157] بەزى ئالىملار مۇرجىئەلەرنى ئىككى قىسىمغا بۆلگەن. بىرىنچى قىسىم: ئەھلىسۈننەت مۇرجىئەلىرى. ئۇلار «چوڭ گۇناھ قىلغۇچى ئۆتكۈزگەن گۇناھى مىقدارىدا ئازابلىنىدۇ، دوزاختا مەڭگۈ قالمايدۇ، ئاللاھ ئۇنى ئەپۇ قىلىپ، رەھمىتى بىلەن يۆگىشى، نەتىجىدە ئەسلا ئازابلانماسلىقىمۇ مۇمكىن، ئەنە شۇ ئاللاھنىڭ مەرھەمەتىدۇركى، ئاللاھ مەرھەمەتىنى خاھلىغان ئادەمگە بېرىدۇ، ئاللاھ كاتتا مەرھەمەت ئىگىسىدۇر» دەپ قارىغان. فەقىھ ۋە مۇھەددىسلەرنىڭ كۆپىنچىسى مۇشۇ قىسىمغا كىرىدۇ. ئىككىنچى قىسىم: ئەھلى بىدئەت مۇرجىئەلىرى. كۆپىنچىلەرنىڭ نەزەرىدە مۇرجىئەلىك ئىسمىغا خاس بولغانلار مۇشۇلاردۇر، ھەممەيلەننىڭ يامان گېپىگە لايىق كېلىدىغانلار مۇشۇلاردۇر.

مېنىڭچە، ئۇلۇغ ئىماملارنىڭ ئەخلاق ۋە شەرىئەت دائىرىسىدىن چىقىپ كەتكەن ئاشۇ كىشىلەر بىلەن بىر ئىسىمدا ئورتاق بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇلاردىن مۇرجىئە دېگەن سۈپەتنى يىراق قىلغان تۈزۈكتۇر. ۋەللاھۇ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئەئلەمۇ بىسسەۋاب.

 

ئىسلام مەزھەبلىرى تارىخى/ تاريخ المذاهب الإسلامية؛ ئىمام مۇھەممەد ئەبۇ زەھرە؛ مۇھەممەد قاۋۇل قاراخانىي تەرجىمىسى؛ ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى


1. مۇسلىم (2887)؛ ئەھمەد (20428)؛ ئەبۇ داۋۇد (4256).
2. ئىمام شەيخۇلئىسلام مۇھيىددىن ئەبۇ زەكەرىيا يەھيا ئىبنى شەرەف ئىبنى مۇررىي ئەلھىزامىي ئەلھەۋرانىي ئەننەۋەۋىي (الإمَامُ مُحيُ الدِّينِ يَحْيَى بنُ شَرَف بنِ مُرِّي بنِ حَسَنٍ الحِزاميُّ الحَوْرَانِيُّ النَّوَوِيُّ، ھ. 631 – 676/م. 1233 – 1277) — كاتتا مۇھەددىس، تىلشۇناس ۋە شافىئىي فەقىھ، شافىئىي مەزھەب فىقھىسىنى تاسقىغۇچى ۋە رەتلىگۈچى ھېسابلىنىدۇ. «سەھىھۇ مۇسلىم»نى شەرھلىگەن. يەنە «قىرىق ھەدىس»، «ياخشىلارنىڭ باغچىسى»، «ئەلمەجمۇﺋ»، «تەھزىبۇلئەسمائى ۋەللۇغات» ۋە «قارىيلارنىڭ ئەدەب – قائىدىلىرى» قاتارلىق ئەسەرلىرى مەشھۇردۇر.
3. نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 18/11، دارۇ ئىھيائىتتۇراس ئەلئەرەبىي، بېيرۇت، ھ. 1392.
4. ئىبنى ئەساكىر: «تارىخۇ دىمەشق»، 39/496، دارۇلفىكر لىتتىبائەتى ۋەننەشرى ۋەتتەۋزىيئ، م. 1995.
5. چوڭ گۇناھنىڭ چوڭ گۇناھلىقى ۋە ئۇنى ئەيىبلەش، ئۇنى توسۇش كېرەكلىكىدە ھەممە بىردەك قاراشتا. بۇ يەردە ئۇلارنىڭ ئاللاھقا تاپشۇرغىنى چوڭ گۇناھلارنى سادىر قىلغۇچىغا «كافىر» ياكى «مۇئمىن» دەپ كېسىپ ھۆكۈم قىلماسلىقتۇر.
6. ئىبنى ھەزم: «ئەلفەسلۇ فىلمىلەل»، «مۇرجىئەلەر» ھەققىدىكى باب.
7. شەھرىستانىي: «ئەلمىلەلۇ ۋەننىھەل»، 1/139.
8. بەدىيھىي (بَدِيهِيٌّ): ئەرەبچىدە «ئىشنىڭ ئەۋۋىلى، دەرھال ۋە ئۇزۇن ئويلانماستىنلا روشەن بولۇش» دېگەن مەنىسىدىكى بەدىيھە (البَدِيهَةُ) گە نىسبەت بېرىلگەن ئاتالغۇ بولۇپ، ھازىر جاۋاب كىشىگە «بەدىيھە ئىگىسى (صاحبُ بَدِيهَةٍ)» دېيىلىدۇ. مەنتىق (لوگىكا) ئىلمىدە يېڭىدىن قولغا كەلتۈرۈلىدىغان ئىلىم «بەدىيھىي»، «زۆرۈرىي» ۋە «ئىستىدلالىي» قاتارلىق ئۈچ تۈرلۈك بولۇپ، بەدىيھىي: «بىلىش ئويلىنىش ۋە تەپەككۇرغا ياكى مۇقەددىمەگە قاراشلىق بولمىغان، ئىسپاتلاش ھاجەتسىز بولغان ھۆكۈم»دۇر. هازىرقى ئۇيغۇر تىلىدا «ئاكسىئوما» دېيىلىدۇ. بۇ ئاتالغۇ پەقەت تەسەۋۋۇر قىلىش شەك قوبۇل قىلمايدىغان دەرىجىدە جەزم قىلىنىدىغان، ئەقىل قوبۇل قىلىشتىن باش تارتالمايدىغان ھۆكۈملەرگىلا، جىمى ئىنسانلار رەت قىلمايدىغان ۋە پاكىت تەلەپ قىلمايدىغان قائىدە – پرىنسىپلارغىلا قوللىنىلىدۇ. مەسىلەن، ئۆزىنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى بىلىش، ئىسسىقلىق بىلەن سوغۇقلۇقنى تەسەۋۋۇر قىلىش، پۈتۈننىڭ پارچىدىن چوڭلۇقى، شۇنداقلا بارلىق ۋە يوقلۇقنىڭ بىرنەرسىدە تەڭلا جەملەشمەيدىغانلىقى ھەم بىرنەرسىدىن تەڭلا كۆتۈرۈلۈپ كەتمەيدىغانلىقىنى تەستىقلاش قاتارلىقلار. يۇقىرىقى مىساللاردا بەدىيھىي زۆرۈرىي بىلەن مەنىداش ياكى زۆرۈرىيدىنمۇ خاسراق دېيىش مۇمكىن. كۆپلۈكى بەدىيھىييات (بَدِيهِيَّاتٌ) تۇر. قاراڭ: «ئەرەب تىلى كومىتېتى»: «ئەلمۇئجەمۇل ۋەسىت»،1/44؛ تىل – يېزىق خىزمىتى كومىتېتى: «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، 40 – بەت، خەلق نەشرىياتى، م. 1990؛ جۇرجانىي: «ئەتتەئرىفات»، 200 – بەت؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 268 – بەت؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «شەرئىي ئىلىملەر ئاتالغۇلىرى قامۇسى»، 325 – بەت.
9. ئەبۇلفەرەج ئەسفەھانىي: «ئەلئەغانىي (الأغاني)»، 4/276، دارۇلفىكر، بېيرۇت، 2 – باسمىسى.

10. شەھرىستانىي: «ئەلمىلەلۇ ۋەننىھەل»، 1/139.

Please follow and like us: