ئېتىقادىي مەزھەبلەر (2) قەدەرىيلەر

ئېتىقادىي مەزھەبلەر (2) قەدەرىيلەر

[141] ئېيتقىنىمىزدەك، مۇسۇلمانلار خۇلەفائى راشىدىن دەۋرىنىڭ ئاخىرىدا ۋە ئۇمەۋىيلەر دەۋرىدە قازايىقەدەر(2) تېمىسىغا ئىچكىرىلەپ كىردى. بىز يۇقىرىدا بىر پىرقەنىڭ چەكتىن ئېشىپ، ئىنساننىڭ ئۆزىنىڭ قىلغانلىرىدا ئىرادىسى بارلىقىنى ئىنكار قىلغانلىقىنى بايان قىلغانىدۇق، ئۇلار جەبرىيلەردۇر. بۇ قەدەرىيلەرمۇ چەكتىن ئېشىپ: «ئىنساننىڭ ھەربىر پېئىلى ئۇنىڭ ئىرادىسى بىلەن بولىدۇ، ئىنساننىڭ ئىرادىسى ئاللاھنىڭ ئىرادىسىدىن مۇستەقىل» دېدى. مۇئتەزىلەلەرمۇ مۇشۇلارنىڭ قاتارىدىدۇر. گەرچە ئۇلار باشقا مەسىلىلەردىكى كالاملىرى بىلەن تونۇلغان بولسىمۇ، مۇشۇمۇ ئۇلارنىڭ مەسىلىلىرىنىڭ بىرىدۇر. شۇ جەھەتتىن، مۇئتەزىلە مەزھەبى بۇ مەزھەبكە قوشۇۋېتىلمەستىن، ئايرىم بىر مەزھەب سۈپىتىدە سانالغان. بۇ قەدەرىيلەر مۇئتەزىلەلەر بىلەن ئورتاقلىشىدىغان بۇ چەكتە توختاپ قالماستىن، ئۇلار ئىچىدە تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ، ئاللاھ تائالانىڭ بىلىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش مەنىسىدىكى «قەدەر» سۈپىتىنى ئىنكار قىلغانلار بولغان ۋە: «ئىشلار (قەدەر بىلەن مۇناسىۋەتسىز ھالدا) يېڭىدىن يۈز بېرىدۇ» دېگەن. رىۋايەت قىلىنىشىچە، قەدەرىيلەرنىڭ باشچىلىرىدىن مەئبەد ئىبنى خالىد ئەلجۇھەنىي بىر كىشىنىڭ گۇناھقا قەدەرنى سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا رەددىيە بېرىپ: «قەدەر يوق، ئىشلار (قەدەر بىلەن مۇناسىۋەتسىز ھالدا) يېڭىدىن يۈز بېرىدۇ» دېگەن. يەنى ئاللاھنىڭ ئىشلار ھەققىدىكى ئىلمى يېڭىدىن مەۋجۇد بولىدۇ، شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئىرادىسىمۇ يېڭىدىن مەۋجۇد بولىدۇ، دېمەكچى. ئۇ بۇ ئارقىلىق ئەزەلىي ئىرادىنى ۋە ئەزەلىي ئىلىمنى ئىنكار قىلماقچى بولسا كېرەك. مەقسىتى: ئىنساننىڭ پېئىلىنى ھەممىنى بىلگۈچى ۋە ماھىر ياراتقۇچى ئاللاھنىڭ قۇدرىتى دائىرىسىدىن چىقىرىۋېتىش.

[142] بەزى تارىخچىلار ئۇلارنىڭ «قەدەرىيلەر» دەپ ئاتىلىشىدىن ھەيران قالغان. چۈنكى، ئۇلار قەدەرنى ئىنكار قىلغۇچىلار تۇرۇپ، قانداقمۇ قەدەرگە نىسبەت بېرىلىدۇ؟ بىر تۈركۈملەر ئېيتتى: «شەيئىلەر ئۆزلىرىنىڭ زىتلىرى بىلەن تونۇلغاندەك، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى دەيدىغان نەرسىنىڭ زىتىغا نىسبەت بېرىلىشىنىڭ ھېچ زەرەرى يوقتۇر». يەنە بىر تۈركۈملەر ئېيتتى: «ئۇلار قەدەرنى ئاللاھتىن نەفيى قىلىپ، ئۇنى بەندىگە ئىسپاتلايدۇ. شۇڭلاشقا، ئۇلار قەدەرىيلەر دەپ ئاتالدى. چۈنكى، ئۇلار ھەر شەيئىنى ئىنساننىڭ ئىرادىسى ۋە قۇدرىتىگە خاس قىلدى. گويا ئۇلار ئىنسانغا قەدەرنى ئىدارە قىلىش ھوقۇقى بەرگەندەك بولدى». بەزى يازغۇچىلار «الْقَدَرِيَّةُ مَجُوسُ هَذِهِ الْأُمَّةِ / قەدەرىيلەر بۇ ئۈممەتنىڭ مەجۇسىيلىرىدۇر»(2) دېگەن ھەدىسنىڭ بۇلارغا ئۇيغۇنلىشىشى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ مۇخالىپلىرىنىڭ ئۇلارنى مۇشۇ سۈپەت بىلەن ئاتىغانلىقىغا مايىل بولغان.

تۈركىيەنىڭ سابىق شەيخۇلئىسلامى مەرھۇم ئۇستاز شەيخ مۇستافا سەبرىي ئەپەندى بۇ خىل ئاتىلىشنىڭ يەنە بىر سەۋەبىنى زىكىر قىلغان. ئۇ سەۋەب بولسىمۇ ئۇلارنىڭ قارىشىنىڭ مەجۇسىيلارنىڭ بەزى ئەقىدىلىرىگە يېقىن كەلگەنلىكىدۇر. چۈنكى، مەجۇسىيلار ياخشىلىقنى ئاللاھقا نىسبەت بېرىدۇ، يامانلىقنى شەيتانغا نىسبەت بېرىدۇ ۋە: «ئاللاھ يامانلىقنى ئىرادە قىلمايدۇ» دەيدۇ(3).

[143] تارىخچىلار شۇ مەزھەبكە دەۋەت قىلغان تۇنجى كىشىنىڭ كىملىكى، نەدە تۇغۇلۇپ، نەدە ئۆسكەنلىكىنى بايان قىلىشقا تىرىشقان. ھەقىقەتەن كۆردۇقكى، يېيىلىپ تارالغان پىكىرلەرنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىنى پەرەز ۋە تەخمىنسىز جەزمىيەت شەكلىدە تېپىپ چىقىش تەستۇر. مۇشۇ پىكىردىمۇ ئەھۋال شۇنداق. بىراق تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆپى بۇ ئېقىمنىڭ ئىسلامدا تۇنجى قېتىم ھەر خىل پىكىرلەر جەمگاھى ۋە جەڭگاھى بەسرەدە پەيدا بولغانلىقىنى تىلغا ئالغان. پۈتۈن ئىراق شۇ جەڭگە – جېدەلنىڭ ئورنى ئىدى. «سەرھۇل ئۇيۇن (سَرْحُ الْعُيُوْنِ)» ناملىق كىتابتا مۇنداق كەلگەن: «دېيىلىشىچە، قەدەر ھەققىدە دەتالاش چىقارغان تۇنجى كىشى ئىراقلىق بىر ئادەم بولۇپ، ئۇ خرىستىيان بولغىنىدىن كېيىن مۇسۇلمان بولغان، ئاندىن يەنە خرىستىيان بولغان. ئۇنىڭدىن مەئبەد ئەلجۇھەنىي ۋە غەيلان ئەددەمەشقىي قاتارلىقلار تەلىم ئالغان»(4). مۇشۇ نۇقتىدىن، بۇ پىكىرنى ئىسلامغا سىرتتىن كىرگەن بىر پىكىر دەپ قارايمىز. ئۇ پىكىر يوشۇرۇن ھالدا يات بىر ئۇنسۇر تەرىپىدىن مۇسۇلمانلار ئارىسىدا راۋاجلاندۇرۇلغان ۋە ئىسلامنىڭ نامى بىلەن ئۇنىڭغا چاقىرىق قىلىنغان.

[144] شۇ ئىراقلىق ئادەمدىن تەلىم ئالغان ئىككى كىشى بۇ پىكىرگە دەۋەت قىلغان. ئۇ ئىككىسىنىڭ بىرى مەئبەد ئەلجۇھەنىي بولۇپ، ئۇ ئىراقتا دەۋەت قىلغان. يەنە بىرى غەيلان ئەددەمەشقىي بولۇپ، ئۇ دەمەشقتە دەۋەت قىلغان. مەئبەد بولسا ئۇزۇن زامان ئۇ پىكىرگە دەۋەت قىلغان، كېيىن ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەشئەس فىتنەسى (يەنى ئىسيانى) بولغاندا، فىتنەگە قېتىلغان. ئىبنى ئەشئەس مەغلۇب بولغاندىن كېيىن، ھەججاج ئۇنى فىتنەنىڭ چاقىرىقچىلىرى ۋە ياردەمچىلىرى دەپ قاراپ، باشقا كىشىلەر بىلەن بىر قاتاردا قەتل قىلغان. بىز ئۇنىڭ مۇشۇنداق ھەربىر فىتنەدە سوكۇلداپ يۈرۈپ، ئاخىرىدا بوينىغا قىلىچ ئۇرۇلغانلىقىنى كۆرىمىز.

غەيلان ئەددەمەشقىي بولسا شامدا دەۋىتىنى داۋاملاشتۇرغان. ئۇنىڭ بىلەن ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز مۇنازىرىلەشكەن. غەيلان ئۇنى ئادالەتنى چىڭ تۇتۇشقا چاقىرىپ، ئۇنىڭغا مەكتۇبلارنى يازغان. ئۇنىڭ ئۆمەرگە يازغان مەكتۇبلىرىنىڭ بىرىدە مۇنداق دېيىلگەن:

«ئەي ئۆمەر! كۆردۈڭ، كۆرمىگىلى تاس قالغانىدىڭ؛ قارىدىڭ، قارىمىغىلى تاس قالغانىدىڭ. بىلگىنكى، ئەي ئۆمەر! سەن ئىسلامنىڭ كونىراپ چىرىغان قالدۇقىغا ۋە ئۆچكەن ئىزىغا يېتىشتىڭ. ئەگەشكىلى ھېچبىر ئۆلۈكنىڭ ئىزىنى كۆرەلمەيسەن، پايدىلانغۇدەك ھېچبىر ئاۋازنى ئىشىتەلمەيسەن. سۈننەتكە تاجاۋۇز قىلىندى، بىدئەت ئاشكارا بولدى، ئالىم قورقىتىلىپ، گەپ قىلماس بولدى، جاھىلغا بىلمىگىنىنى سوراشقا رۇخسەت بېرىلمەيۋاتىدۇ. ئۈممەت گاھىدا ئىمام (خەلىفە) بىلەن نىجات تاپتى، گاھىدا ئىمام بىلەن ھالاك بولدى. سەن شۇ ئىككى خىل ئىمامنىڭ قايسىسى، قارا! چۈنكى، ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿وَجَعَلۡنَا مِنۡهُمۡ أَئِمَّةٗ يَهۡدُونَ بِأَمۡرِنَا / بىز ئۇلاردىن ئەمرىمىز بىلەن توغرا يولغا باشلايدىغان ئىماملارنى قىلدۇق﴾(32/«سەجدە»: 24). مانا بۇ توغرا يول ئىمامىدۇر، ئۇ ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەر (توغرا يولدا) شېرىكلەردۇر. يەنە بىرىگە كەلسەك، ئاللاھ تائالا ئېيتقانكى: ﴿وَجَعَلۡنَٰهُمۡ أَئِمَّةٗ يَدۡعُونَ إِلَى ٱلنَّارِۖ وَيَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ لَا يُنصَرُونَ / بىز ئۇلارنى دوزاخقا چاقىرىدىغان ئىماملار قىلدۇق، قىيامەت كۈنى ئۇلارغا ياردەم بېرىلمەيدۇ﴾(28/«قەسەس»: 41). سەن ›دوزاخقا كېلىڭلار‹ دەيدىغان بىرەر چاقىرىقچىنى زىنھار تاپالمايسەن، لېكىن دوزاخقا چاقىرىدىغانلار ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالاغا ئاسىي بولىدىغان گۇناھلارغا چاقىرغۇچىلاردۇر. ئەي ئۆمەر! سەن ئۆزىنىڭ قىلغىنىنى ئەيبلەيدىغان ياكى ئۆزى ئەيىبلەيدىغاننى قىلىدىغان، ياكى ئۆزى پۈتىۋەتكەن ئىش ئۈچۈن ئازابلايدىغان، ياكى ئۆزى ئازابلايدىغان ئىشنى پۈتىۋېتىدىغان بىر دانانى كۆردۈڭمۇ؟ بەندىلەرنى تاقىتىدىن يۇقىرى ئىشقا بۇيرۇيدىغان ياكى تائىتى ئۈچۈن ئازابلايدىغان بىر مېھرىباننى كۆردۈڭمۇ؟ سەن ئىنسانلارنى زۇلۇمغا ۋە زۇلۇم قىلىشىشقا زورلايدىغان بىر ئادىلنى كۆردۈڭمۇ؟ سەن ئىنسانلارنى يالغانغا ۋە يالغان چاپلىشىشقا زورلايدىغان بىر راستچىلنى كۆردۈڭمۇ؟ مۇشۇنچىلىك بايان قىلسام يېتەر، كورلار كورلىقىنى قىلار»(5).

مانا بۇ ئۇنىڭ ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزگە يازغىنى، ياكى يازغىنىدىن بىر پارچە. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئۇنى چاقىرىپ، ئۇنىڭ مەزھەبى توغرىسىدا ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرىلەشكەن ۋە ئۇنىڭ دەلىلىنى ئۆرۈۋەتكەن. غەيلان ئۇنىڭغا: «ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! قېشىڭغا گۇمراھ ھالدا كەلگەنىدىم، سەن مېنى توغرا يولغا باشلىدىڭ، كور ھالدا كەلگەنىدىم، كۆزۈمنى ئېچىپ قويدۇڭ، جاھىل ھالدا كەلگەنىدىم، ماڭا ئۆگىتىپ قويدۇڭ. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن بۇ ئىش ھەققىدە ھېچقانداق گەپ قىلمايمەن» دېگەن. لېكىن، ئاشكارا بولۇشىچە، ئۇ مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرىنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ئۆزىنىڭ دەۋىتىگە قايتىۋالغان. مۇرتەزا «ئەلمۇنيەتۇ ۋەلئەمەل (المنية والأمل)»دە رىۋايەت قىلىدۇكى: «ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز غەيلانغا:

— ئىشلىرىمغا ياردەملەشكىن، — دېۋىدى، غەيلان:

— مېنى خەزىنە ماللىرىنى سېتىش ۋە باشقىلارنىڭ ھەقلىرىنى قايتۇرۇشقا تەيىنلىگىن، — دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى تەيىنلىدى. غەيلان (ئىلگىرىكى خەلىفەلەرنىڭ ناھەق توپلىۋالغان) خەزىنە ماللىرىنى ساتاتتى ۋە مۇنداق دەپ توۋلايتتى: ‹خىيانەتچىلەرنىڭ ماللىرى، كېلىڭلار؛ زالىملارنىڭ ماللىرى، كېلىڭلار؛ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۈممىتىگە ئۇنىڭ سۈننىتىسىز ۋە سىيرەتىسىز خەلىفە بولىۋالغان كىشىلەرنىڭ ماللىرى، كېلىڭلار›»(6).

[145] ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن، غەيلان ئۆزىنىڭ (ئىلگىرىكى) دەۋىتىگە يېنىۋالغان ۋە ھىشام ئىبنى ئابدۇلمەلىك خەلىفە بولغاندا مۇشۇنداق ئېقىملار كۆپەيگەن. پارس ۋە خۇراسان ئۇ خىل ئېقىملارنىڭ مەنبەسىگە ئايلانغان. ھىشام بۇ ماكاندىن دۆلىتىگە كېلىۋاتقان خەتەرنى ھېس قىلىپ، ئۇ يەرلەردىن پۇرىقى كەلگەن ھەرقانداق نەرسىگە قارشى تۇرغان. بىز ئۇنىڭ خۇراساندىكى ۋالىيسىنىڭ جەئد ئىبنى دىرھەمنى «قۇرئان» مەخلۇق دېگەنلىكى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكىنى كۆرىمىز. ھىشامنىڭ غەيلاننىمۇ پايلاپ، ئۇنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتمەسلىكى ئېنىق ئىدى، لېكىن ئۇ غەيلاننى ھۆججەت ۋە پاكىتسىز ئۆلتۈرۈشنى خاھلىمايتتى. شۇڭا، ئۇنى شام فەقىھى ئىمام ئەۋزائىي(7) بىلەن مۇنازىرىلىشىشكە چاقىردى. «ئەلئىقدۇل فەرىد (العقد الفريد)» ۋە «سەرھۇل ئۇيۇن (سرح العيون)»دا كەلگىنىدەك، ئىمام ئەۋزائىي ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرىلىشىپ، ئۇنى يېڭىۋەتكەن. بۇ مۇنازىرىنى «مەھاسىنۇلمەسائىي (محاسن المساعي في مناقب أبي عمر الأوزاعي)»نىڭ مۇئەللىفى رىۋايەت قىلغان ۋە «بىر قەدەرىي بىلەن بولغان مۇنازىرە» دەپ ئاتىغان. ئۇنى «ئەلئىقدۇل فەرىد» ۋە «سەرھۇل ئۇيۇن»دا كەلگىنى بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرۈشتىن مەزكۇر قەدەرىينىڭ غەيلان ئەددەمەشقىي ئىكەنلىكى ئاشكارا بولىدۇ. تۆۋەندىكى مۇنازىرە «مەھاسىنۇلمەسائىي»دا كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ مۇقەددىمەسى مۇنداق:

«ھىشام ئىبنى ئابدۇلمەلىكنىڭ دەۋرىدە بىر قەدەرىي كىشى بار ئىدى. ھىشام ئۇنى چاقىرتىپ:

— سەن توغرىسىدا كىشىلەرنىڭ گېپى جىق بولۇپ كەتتى، — دېۋىدى، ئۇ:

— شۇنداق، ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! خاھلىغان ئادەملىرىنى چاقىرسىلا، مۇنازىرىلىشىمەن، ئەگەر خاتالىقىمنى تاپالىسىلا، بوينۇمنى سىلىگە تۇتۇپ بېرىمەن، — دېدى. ھىشام:

— مەرد ئىكەنسەن، — دېدى ۋە ئىمام ئەۋزائىينى چاقىرتتى. ئىمام ئەۋزائىي كەلگەندىن كېيىن، ھىشام ئۇنىڭغا: ‹ئى ئەبۇ ئۆمەر! بىز ئۈچۈن بۇ قەدەرىي بىلەن مۇنازىرىلەشكىن› دېدى.

ئىمام ئەۋزائىي غەيلانغا خىتاب قىلىپ:

— تاللا، خاھلىساڭ ئۈچ كەلىمە، خاھلىساڭ تۆت كەلىمە، خاھلىساڭ بىر كەلىمە سورايمەن، — دېۋىدى، قەدەرىي (غەيلان):

— ئۈچ كەلىمە بولسۇن، — دېدى.

— دەپ باققىنە، ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە ئۆزى چەكلىگەن ئىشنى تەقدىر قىلىپ پۈتىۋەتتىمۇ؟

— بۇ ھەقتە مېنىڭ ھېچبىر ئىلمىم يوق.

— بۇ بىر، ئەمىسە دەپ باققىنە، ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە ئۆزى بۇيرۇغان ئىشقا توسالغۇ بولىۋالدىمۇ؟

— بۇ بىرىنچىسىدىنمۇ ئېغىر ئىكەن، بۇ ھەقتە مېنىڭ ھېچبىر ئىلمىم يوق. ئىمام ئەۋزائىي:

— ئىككى بولدى ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! — دېگەندىن كېيىن:

— ئېيتقىنە، ئاللاھ ئۆزى ھارام قىلغان ئىشقا ياردەم قىلدىمۇ؟ — دېدى. قەدەرىي:

— بۇ بىرىنچىسىدىنمۇ ۋە ئىككىنچىسىدىنمۇ ئېغىر ئىكەن، بۇ ھەقتە مېنىڭ ھېچبىر ئىلمىم يوق، — دېدى. ئىمام ئەۋزائىي:

— ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! ئۈچ بولدى، — دېدى.

شۇنىڭ بىلەن ھىشام ئۇنىڭ بوينىغا قىلىچ ئۇرۇشقا بۇيرۇۋىدى، شۇ ھامان ئۇرۇلدى.

ئاندىن كېيىن ھىشام ئىمام ئەۋزائىيغا:

— بىزگە بۇ ئۈچ كەلىمەنى تەفسىرلەپ بەرگىن، — دېۋىدى، ئىمام ئەۋزائىي:

— بولىدۇ، ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! بىلمەمسەنكى، ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! ئاللاھ تائالا ئۆزى چەكلىگەن ئىشنى تەقدىر قىلىپ پۈتتى. ئاللاھ ئادەمنى دەرەخنى يېيىشتىن چەكلىدى، ئاندىن ئادەمگە ئۇنى يېيىشنى تەقدىر قىلىپ پۈتتى، ئادەم يېدى. ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! بىلمەمسەنكى، ئاللاھ تائالا ئۆزى بۇيرۇغان ئىشقا توسالغۇ بولدى. ئەينى ۋاقىتتا ئاللاھ ئىبلىسنى ئادەمگە سەجدە قىلىشقا بۇيرۇدى، ئاندىن ئۇنىڭ سەجدە قىلىشىغا توسالغۇ بولدى. بىلمەمسەنكى، ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! ئاللاھ تائالا ئۆزى ھارام قىلغان ئىشقا ياردەم قىلدى. ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننى، قاننى ۋە چوشقا گۆشىنى ھارام قىلدى، ئاندىن زۆرۈرىيەت ھالىتىدە ئىنساننىڭ ئۇلارنى يېيىشىگە رۇخسەت قىلىپ، ھارام قىلغان ئىشقا ياردەم قىلدى، — دېدى. ھىشام:

— ئۇنىڭغا دېمىگەن كەلىمەلەرنى ئېيتىپ بەرگىن، — دېۋىدى، ئىمام ئەۋزائىي ئېيتتى:

— ئۇنىڭغا: ‹ئېيتىپ باققىنە، ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە سېنى قانداق ياراتتى، سېنى سەن خاھلىغاندەك ياراتتىمۇ، ياكى ئۆزى خاھلىغاندەك ياراتتىمۇ؟› دەيتتىم، ئۇ: ‹ئۆزى خاھلىغاندەك› دەيتتى. ئۇنىڭغا: ‹دەپ باققىنە، ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە سېنى سەن خاھلىغان چاغدا ۋاپات تاپقۇزامدۇ ياكى ئۆزى خاھلىغان چاغدىمۇ؟› دەيتتىم، ئۇ: ‹ئۆزى خاھلىغان چاغدا› دەيتتى. ئۇنىڭغا: ‹دەپ باققىنە، ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە سېنى ۋاپات تاپقۇزغان چاغدا نەدە بولىسەن؟ سەن خاھلىغان يەردىمۇ ياكى ئۇ خاھلىغان يەردىمۇ؟› دەيتتىم، ئۇ: ‹ئۇ خاھلىغان يەردە› دەيتتى. ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! جىسمىنى كامىل قىلىشقا، رىزقىنى زىيادە قىلىشقا، ئەجىلىنى كېچىكتۈرۈشكە، روھىنىڭ ئۆزى خاھلىغان يەردە بولۇشىغا ئىمكانى بولمىغان بىر ئىنساننىڭ قولىدا قانچىلىك ئىختىيارلىق بولاتتى. ئى مۇئمىنلەرنى ئەمىرى! شۈبھىسىزكى، قەدەرىيلەر ئاللاھ تائالانىڭ سۆزىگىمۇ، پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزىگىمۇ، ئەھلى جەننەتنىڭ سۆزىگىمۇ، ئەھلى دوزاخنىڭ سۆزىگىمۇ، قېرىندىشى ئىبلىسنىڭ سۆزىگىمۇ رازى بولمىدى. ئاللاھ تائالانىڭ سۆزىگە كەلسەك، ئۇ ﴿فَٱجۡتَبَٰهُ رَبُّهُۥ فَجَعَلَهُۥ مِنَ ٱلصَّٰلِحِينَ / رەببى ئۇنى تاللاپ، ئۇنى سالىھلەردىن قىلدى﴾(68/«قەلەم»: 50) دېگەن سۆزىدۇر. پەرىشتىلەرنىڭ سۆزىگە كەلسەك، ئۇ ﴿لَا عِلۡمَ لَنَآ إِلَّا مَا عَلَّمۡتَنَآۖ / سېنىڭ بىزگە بىلدۈرگىنىڭدىن باشقا ئىلمىمىز يوق﴾(2/«بەقەرە»: 32) دېگەن سۆزدۇر. پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزىگە كەلسەك، شۇئەيب ئەلەيھىسسالام ئېيتقانكى: ﴿وَمَا تَوۡفِيقِيٓ إِلَّا بِٱللَّهِۚ عَلَيۡهِ تَوَكَّلۡتُ وَإِلَيۡهِ أُنِيبُ / مەن پەقەت ئاللاھنىڭ ياردىمى بولغاندىلا تەۋپىق تاپالايمەن، ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلىمەن ۋە ئۇنىڭغا يۈزلىنىمەن﴾(11/«ھۇد»: 88). ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئېيتقانكى: ﴿لَئِن لَّمۡ يَهۡدِنِي رَبِّي لَأَكُونَنَّ مِنَ ٱلۡقَوۡمِ ٱلضَّآلِّينَ / ئەگەر رەببىم مېنى ھىدايەت قىلمىغان بولسا، چوقۇم ئازغۇچى قەۋمنىڭ قاتارىدا بولۇپ قالىدىكەنمەن﴾(6/«ئەنئام»: 77). نۇھ ئەلەيھىسسالام ئېيتقانكى: ﴿وَلَا يَنفَعُكُمۡ نُصۡحِيٓ إِنۡ أَرَدتُّ أَنۡ أَنصَحَ لَكُمۡ إِن كَانَ ٱللَّهُ يُرِيدُ أَن يُغۡوِيَكُمۡۚ هُوَ رَبُّكُمۡ وَإِلَيۡهِ تُرۡجَعُونَ / ئاللاھ سىلەرنى گۇمراھ قىلماقچى بولسا، ئۇ چاغدا مېنىڭ سىلەرگە قىلغان نەسىھىتىمنىڭ سىلەرگە پايدىسى بولمايدۇ، ئاللاھ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر﴾(11/«ھۇد»: 34). جەننەت ئەھلىنىڭ سۆزى بولسا: ﴿ٱلۡحَمۡدُ لِلَّهِ ٱلَّذِي هَدَىٰنَا لِهَٰذَا وَمَا كُنَّا لِنَهۡتَدِيَ لَوۡلَآ أَنۡ هَدَىٰنَا ٱللَّهُۖ / جىمى ھەمدۇسانا بىزنى بۇ (نېئمەتلەرنى ھاسىل قىلىشقا) يېتەكلىگەن ئاللاھقا بولسۇنكى، ئاللاھ بىزنى يېتەكلىمىگەن بولسا، توغرا يول تاپمىغان بولاتتۇق﴾(7/«ئەئراف»: 43)دۇر. ئەھلى دوزاخنىڭ سۆزى بولسا: ﴿لَوۡ هَدَىٰنَا ٱللَّهُ لَهَدَيۡنَٰكُمۡۖ / ئاللاھ بىزنى ھىدايەت قىلغان بولسا ئىدى، بىز ئەلبەتتە سىلەرنى ھىدايەت قىلغان بولاتتۇق﴾(14/«ئىبراھىم»: 21)دۇر. ئىبلىسنىڭ سۆزى بولسا: ﴿رَبِّ بِمَآ أَغۡوَيۡتَنِي / پەرۋەردىگارىم! سەن مېنى گۇمراھ قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن…﴾(15/«ھىجر»: 39)دۇر».

[146] شۈبھىسىزكى، بۇ مۇنازىرە ئەگەر سەھىھ بولسا، (ھالبۇكى بىزنىڭ ئۇنى قوبۇل قىلماسلىققا باھانىمىز يوق) ئىككى تەرەپ باراۋەر بولغان بىر مۇنازىرە ئەمەس، بەلكى بىر تەرەپ ئەركىن – ئازادە سوئال تاشلايدۇ، يەنە بىر تەرەپ پەقەت سورىماستىن جاۋاب بېرىدۇ، يا جاۋاب، يا قىلىچ. گەپنىڭ سىياقىدىن ئۆلۈم ھۆكمىنىڭ ئالدىن بېرىلگەنلىكى ئاشكارىدۇر. مۇنازىرە كىشىلەرنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن ئۆلۈم جازاسىغا باھانە بولغان. ئەمەلىيەتتە، مۇنازىرە ئۆلۈم جازاسىنىڭ سەۋەبى ۋە بائىسى ئەمەس. بۇ خۇددى ھۆكۈم قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ھۆكۈمنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن گۇۋاھلىقنى ئاڭلىغانغا ئوخشايدۇ. ئاندىن سوئاللارنىڭ ھەممىسى ئېنىقسىزلىقتا تېپىشماققا ئوخشايدۇ، ھەتتا ھىشاممۇ ئەسلىدىنلا سوئالنى چۈشەنمىگەن. ئەگەر ئۇ ھەقنى خاھلايدىغان بولسا ئىدى، ئۆلتۈرۈشتىن بۇرۇنلا سوئالنىڭ مەنىسىنى سورىغان بولاتتى. چۈنكى، ئۇ سوئاللار سوئال بولۇشتىن بەكرەك مۇئەمماغا ئوخشايدۇ. دېمەك، بۇ يەردە ھېچبىر مۇنازىرە يوق، بەلكى ئالدىن بېكىتىلگەن قەتل ئۈچۈن بىر باھانە بار.

قانداقلا بولمىسۇن، شەكسىز بۇ مۇنازىرە ئەۋزائىينىڭ «قۇرئان كەرىم»نى ئىنچىكە بىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ بۇ مۇنازىرىگە ئالدىن تەييارلىق كۆرگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ مۇنازىرىدە زاھىرى قەدەرىيلەرگە زىت كېلىدىغان «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرىنى كەلتۈرگەن.

[147] غەيلان ئۆلتۈرۈلدى. ئۇنىڭ ئۆلۈمى بىلەن مەزھەب ئۆلدىمۇ؟

بۇنىڭ جاۋابى شۇكى، بەزى ئالىملار ئېيتقاندەك، مەزھەب ئۆلمىدى ھەم باشقا مەزھەبلەرگىمۇ قېتىلىپ كەتمىدى. ئەمما، بەزى ئالىملار ئۇ مەزھەبنىڭ مۇئتەزىلە مەزھەبىگە قېتىلىپ كەتكەنلىكىنى دەۋا قىلغان. شۈبھىسىزكى، ئۇ مەزھەب شۇندىن كېيىن بەسرەلىكلەر ئارىسىدا ئۇزۇن ئەسىرلەر داۋاملاشقان. قەدەرىيلىك بەسرەدە تۇخۇملاپ، ئاخىرىدا، ئۇلارنىڭ بىر تائىپىسىنىڭ قولىدا ئىككى خۇدالىق مەزھەبىگە ئوخشايدىغان بىرنەرسىگە ئايلىنىپ قالغان. ئىككى خۇداچىلار «ئالەمگە نۇر ۋە زۇلمەتتىن ئىبارەت ئىككى كۈچ ھۆكۈم قىلىدۇ» دەپ قارايدۇ، ياخشىلىقنى نۇرغا ئوخشىتىدۇ، يامانلىقنى زۇلمەتكە ئوخشىتىدۇ. ئەنە شۇ قەدەرىيلەر ياخشى پېئىلنى ئاللاھقا نىسبەت بېرىدۇ، يامان پېئىلنى ئۆزلىرىگە نىسبەت بېرىدۇ ۋە «يامان پېئىلدا ئاللاھنىڭ ئىرادىسى يوق» دەيدۇ. ئۇلار بۇ چۈشەنچىلىرىدە ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە بويۇنتاۋلىق قىلغۇچىدۇر. ئاللاھ ئۇلارنىڭ دېگەنلىرىدىن ئۈستۈندۇر.

 

بىر قەدەرىي بىلەن بىر سۈننىي ئوتتۇرىسىدىكى مۇنازىرە

[148] ئىمام ئىبنۇلقەييىم بىر قەدەرىي بىلەن بىر سۈننىي ئوتتۇرىسىدىكى مۇنازىرىنى سۈرەتلىگەن بولۇپ، مۇنازىرىدە ھەربىر پىرقە ئۆزىنىڭ مەزھەبى ئۈچۈن ھۆججەت كەلتۈرىدۇ. مۇنازىرە ئىككى مەزھەبنى تەسۋىرلەش بىلەن بىرگە، سۈننىينى قەدەرىيدىن ئۈستۈن قىلىدۇ. بىز بۇ يەردە شۇ مۇنازىرىنى كەلتۈرىمىز.

قەدەرىي: ئاللاھ تائالا ئومۇمىي ۋە خاس نىسبەت تۈرلىرى بىلەن، ئەمەللەرنى بەندىلەرگە نىسبەت بەردى. بىر مەررە بەندىلەرگە قادىرلىقنى نىسبەت بەردى، مەسىلەن، ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزىگە ئوخشاش: ﴿وَمَن لَّمۡ يَسۡتَطِعۡ مِنكُمۡ طَوۡلًا أَن يَنكِحَ ٱلۡمُحۡصَنَٰتِ ٱلۡمُؤۡمِنَٰتِ / سىلەردىن مۇئمىن ھۆر ئاياللارنى ئېلىشقا قادىر بولمىغانلار..)﴾(4/«نىساﺋ»: 25). يەنە بىر يەردە خاھلاشنى نىسبەت بەردى، ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزىگە ئوخشاش: ﴿لِمَن شَآءَ مِنكُمۡ أَن يَسۡتَقِيمَ / سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىن (دىن بارىسىدا) راۋۇرۇس بولۇشنى خاھلايدىغانلارغا (قۇرئان نەسىھەتتۇر)﴾(81/«تەكۋىر»: 28). بىر يەردە ئىرادىنى نىسبەت بەردى، خىزىرنىڭ سۆزىگە ئوخشاش: ﴿فَأَرَدتُّ أَنۡ أَعِيبَهَا / مەن ئۇنى (تېشىپ) ئەيبناك قىلىشنى ئىرادە قىلدىم﴾(18/«كەھف»: 79). يەنە بىر يەردە قىلىش ۋە ئېتىشنى نىسبەت بەردى، ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزلىرىگە ئوخشاش: ﴿يَفۡعَلُونَ / ئۇلار قىلىدۇ﴾(2/«بەقەرە»: 71). ﴿بِمَا كُنتُمۡ تَكۡسِبُونَ / قىلغان قىلمىشڭلار تۈپەيلى﴾(7/«ئەئراف»: 39)، ﴿لَبِئۡسَ مَا كَانُواْ يَصۡنَعُونَ / ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشى نېمىدېگەن يامان!﴾(5/«مائىدە»: 63) خاس نىسبەتكە كەلسەك، ناماز، روزا، ھەج، تاھارەت، زىنا، ئوغرىلىق، قاتىللىق، يالغانچىلىق، كۇفۇر، فىسق قاتارلىقلارنى ۋە بەندىلەرنىڭ باشقا پېئىللىرىنى ئۇلارغا نىسبەت بەرگەنگە ئوخشاش. بۇ نىسبەت بېرىش ئۇ پېئىللارنىڭ بەندىلەرگە ئەمەس، ئاللاھقا نىسبەت بېرىلىشىنى چەكلەيدۇ، شۇنداقلا بەندىلەر بىلەن بىرلىكتە ئاللاھقا نىسبەت بېرىلىشىنىمۇ چەكلەيدۇ. چۈنكى، ئۇ پېئىللار ئاللاھقا ئەمەس، ئۇلارغا نىسبەت بېرىلگۈچىدۇر.

سۈننىي: بۇ گەپ ھەقنىمۇ ۋە باتىلنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغۇچىدۇر. سېنىڭ «ئاللاھ پېئىللارنى بەندىلەرگە نىسبەت بەردى» دېگەن سۆزۈڭ شەكسىز ھەقتۇر، لېكىن «بۇ نىسبەت بېرىش ئۇ پېئىللارنىڭ ئاللاھقا نىسبەت بېرىلىشىنى چەكلەيدۇ» دېگەن سۆزۈڭ ئېنىقسىزلىق ۋە نەيرەڭۋازلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر گەپتۇر. ئەگەر سەن ئاللاھقا نىسبەت بېرىشنى چەكلەشتىن ئۇ پېئىللارنىڭ ئاللاھتا مەۋجۇد بولىدىغانلىقى ۋە ئاللاھنىڭ ئۇ پېئىللار بىلەن سۈپەتلىنىدىغانلىقى، شۇنداقلا ئۇ پېئىللارنىڭ ھۆكۈملىرىنىڭ ئاللاھقا جارى بولىدىغانلىقى، ئۇ پېئىللاردىن ئاللاھقا ئىسىم ياساش قاتارلىقلارنى چەكلەشنى مەقسەت قىلغان بولساڭ، شۇنداق، ئۇ پېئىللار بۇ ئېتىباردا ۋە بۇ جەھەتتە ئاللاھقا نىسبەت بېرىلمەيدۇ. ئەگەر سەن ئۇ پېئىللارنىڭ ئاللاھقا نىسبەت بېرىلىشىنى چەكلەشتىن ئۇ پېئىللارنىڭ ئاللاھنىڭ ئىلمى ۋە قۇدرىتىگە ھەمدە ئومۇمىي خاھىشى ۋە يارىتىشىغا نىسبەت بەرمەسلىكنى مەقسەت قىلغان بولساڭ، بۇ باتىلدۇر. چۈنكى، ئۇ پېئىللار ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالاغا مەلۇمدۇر، ئۇنىڭ مەخلۇقىدۇر ۋە ئۇنىڭ قۇدرىتى ئىچىدىدۇر. ئۇ پېئىللارنىڭ بەندىلەرگە نىسبەت بېرىلىشى بۇ نىسبەتنى (يەنى ئاللاھقا نىسبەت بېرىلىشىنى) چەكلىمەيدۇ، بۇ خۇددى ماللارغا ئوخشايدۇ. ماللار ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ مەخلۇقىدۇر، ماللار ھەقىقەتتە ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇركى، ئاللاھ ئۇنى بەندىلەرگە نىسبەت بەرگەن. ئەمەللەرمۇ، ماللارمۇ ئۇنىڭ مەخلۇقىدۇر ۋە مۈلكىدۇر. ھالبۇكى ئاللاھ ئۇلارنى ئۆزىنىڭ بەندىلىرىگە نىسبەت بېرىدۇ. بەندىلەرنى شۇلارنىڭ ئىگىلىرى ۋە فائىللىرى قىلغان ئاللاھتۇر. دېمەك، ئىككىلى نىسبەت توغرا بولغان. ماللارنىڭ بەندىلەرنىڭ كەسپى ۋە ئىرادىسى بىلەن ھاسىل بولۇشى ئەمەللەرنىڭ ھاسىل بولۇشىغا ئوخشاشتۇر. ماللارنى ۋە ماللارنىڭ كاسىپلىرىنى، ئەمەللەرنى ۋە ئەمەللەرنىڭ قىلغۇچىلىرىنى ياراتقان ئاللاھتۇر. دېمەك، بەندىلەرنىڭ ماللىرى ۋە ئەمەللىرى ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر ۋە ئۇنىڭ ئىلكىدىدۇر، خۇددى ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرى، كۆزلىرى ۋە جانلىرى ئۇنىڭ مۈلكى ۋە ئۇنىڭ ئىلكىدە بولغاندەك. چۈنكى، ئۇلارنى ئاڭلايدىغان، كۆرىدىغان ۋە ئەمەل قىلىدىغان قىلغان زات ئاللاھتۇر. ئاللاھ ئۇلارغا ئاڭلاش ۋە كۆرۈش سېزىمى، ئاڭلاش ۋە كۆرۈش قۇۋۋىتى بېرىپ، كۆرگۈزگەن ۋە ئاڭلاتقان. شۇنداقلا ئاللاھ ئۇلارغا ئەمەل ئالەتى، ئەمەل قۇۋۋىتى ۋە ئەمەلنىڭ ئۆزىنى بەرگەن. ئەمەل قۇۋۋىتىنىڭ قولغا، سۆزلەش قۇۋۋىتىنىڭ تىلغا نىسبەت بېرىلىشى ئاڭلاش قۇۋۋىتىنىڭ قۇلاققا ۋە كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ كۆزگە نىسبەت بېرىلىشىگە ئوخشايدۇ. ئىختىيارىي كۆرۈش ۋە ئاڭلاشنىڭ ئۆزىنىڭ ئورنىغا نىسبەت بېرىلىشى سۆزلەش ۋە تۇتۇشنىڭ ئۆزىنىڭ ئورنىغا نىسبەت بېرىلگىنىگە ئوخشايدۇ. ئەگەر كۆرۈش ۋە ئاڭلاش (پېئىلى) نى بەندىلەرنىڭ ئۆزلىرى ئۆزلىرىدە ياراتقان بولسا، ئەمىسە، شۇ ئاڭلاش ۋە كۆرۈش ئورنى، ئورۇننىڭ قۇۋۋىتى، كۆرۈش ۋە ئاڭلاشقا ياردەمچى بولىدىغان كۆپلىگەن سەۋەبلەرنى بەندىلەر ياراتتىمۇ؟ ياكى ھەممىسى ھەر نەرسىنىڭ ياراتقۇچىسى، ھەممىنى بويسۇندۇرغۇچى بىر ئاللاھنىڭ مەخلۇقىمۇ؟

قەدەرىي: ئەگەر ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئۇلارنىڭ پېئىللىرىنىڭ فائىلى بولسا ئىدى، چوقۇم ئۇ پېئىللاردىن ئاللاھقا ئىسىملار ياسالغان بولاتتى ۋە ئۇ ئىسىملارغا ئاللاھ بەكرەك لايىق بولار ئىدى. چۈنكى، ھەر خىل تىل، ھەر خىل ئۆرپ – ئادەت ۋە ھەر خىل دىندىكى ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى پەقەت تۇرۇش ئىشىنى قىلغان كىشىنى تۇرغۇچى، پەقەت يېيىش ئىشىنى قىلغان كىشىنى يېگۈچى، پەقەت ئوغرىلىق قىلغان كىشىنى ئوغرى دەپ چۈشىنىدۇ. جىمى پېئىللار مۇشۇنداق. سەن ئىشنى تەتۈرگە ئۆرۈدۈڭ، ھەقىقەتلەرنى تەتۈرگە ئۆرۈدۈڭ، سەن دېدىڭكى، بۇ پېئىللارنى قىلغان كىشىگە ئۇ پېئىللاردىن ھېچقانداق ئىسىم ياسالمايدۇ، بەلكى ئۇ پېئىللاردىن ئۇنى قىلمىغان ۋە پەيدامۇ قىلمىغان كىشىگە ئىسىملار ياسىلىدۇ. بۇ دېگىنىڭ ئەقىلگىمۇ، تىللارغىمۇ ۋە مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ – ئادەتلىرىگىمۇ خىلاپتۇر.

سۈننىي: بەندە ھەقىقەتەن ئۆزىنىڭ پېئىلىنىڭ فائىلىدۇر، ئاللاھ ئۇ پېئىلنىڭ ياراتقۇچىسىدۇر ۋە ئۇنىڭغا كېتەرلىك ئاشكارا – يوشۇرۇن ۋاسىتىلەرنىڭ ياراتقۇچىسىدۇر. ئىسىملار دېگەن پەقەت ئاشۇ پېئىللارنى قىلغان كىشىگە ياسىلىدۇ، مەسىلەن تۇرغۇچى، ئولتۇرغۇچى، ناماز ئوقۇغۇچى، ئوغرىلىق قىلغۇچى ۋە زىنا قىلغۇچى قاتارلىقلار. چۈنكى، پېئىل فائىل بىلەن مەۋجۇد بولغان ئىكەن، پېئىلنىڭ ھۆكمى شۇ فائىلغا ئائىت بولىدۇ، باشقىسىغا ئەمەس ھەمدە فائىلغا پېئىلدىن بىر ئىسىم ياسىلىدۇ. مۇئەييەن بىر كىشى بىلەن پېئىل مەۋجۇد بولمىغان بولسا، ئۇ كىشىگە ئۇنىڭدىن ئىسىم ياسالمايدۇ. بۇ يەردە مۇنداق تۆت ئىش بار: نەفيى قىلىش ۋە ئىسپاتلاشتا ئىككى مەنىۋى ئىش، يەنە نەفيى قىلىش ۋە ئىسپاتلاشتا ئىككى لەفزىي ئىش(8). يېيىش، ئىچىش، زىنا، ئوغرىلىقلار بەندە بىلەن مەۋجۇد بولغان ئىكەن، بۇ پېئىللارنىڭ ھۆكۈملىرى بەندىگە ئائىت بولىدۇ ۋە بەندە ئۈچۈن ئۇ پېئىللاردىن ئىسىملار ياسىلىدۇ، ئۇ پېئىللارنىڭ ھۆكۈملىرىنىڭ ئاللاھقا ئائىت بولۇشى ۋە ئاللاھ ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ئىسىملارنىڭ ياسىلىشى چەكلىنىدۇ، لېكىن بۇ نەدە ئۇ پېئىللارنىڭ ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالاغا مەلۇم بولۇشىنى، ئۇنىڭ قۇدرىتى دائىرىسىدە بولۇشىنى ۋە ئۇنىڭ مەخلۇقى بولۇشىنى، ئۇ پېئىللارنىڭ بەندىلەردىن ئۇلارنىڭ رەببىنىڭ قۇدرىتى ۋە يارىتىشى بىلەن يۈز بەرگەن بولۇشىنى چەكلەيدۇ؟!

قەدەرىي: ئەگەر ئۇ پېئىللارنىڭ ياراتقۇچىسى ئاللاھ بولسا، ئۇنىڭغا مۇشۇ ئىشلار لازىم كېلىدۇ.

سۈننىي: بۇ باتىلدۇر ۋە يالغان دەۋادۇر. چۈنكى، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئۆزىدىن باشقىدا ياراتقان نەرسىدىن ئاللاھقا ئىسىم ياسالمايدۇ ۋە ئۇ نەرسىنىڭ ھۆكمى ئاللاھقا ئائىت بولمايدۇ، بەلكى ئاشۇ پېئىل كىم ئارقىلىق مەۋجۇد بولغان بولسا، ئىسىم شۇ كىشىگە ياسىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا رەڭلەرنى، تەملەرنى، پۇراق ۋە ھەرىكەتلەرنى شۇلارنىڭ ئورۇنلىرىغا يارىتىپ بەرگەن؛ ئۇ نەرسىلەردىن ئاللاھقا ھېچبىر ئىسىم ياسالمىغان ھەم ئۇ نەرسىلەرنىڭ ھۆكۈملىرىمۇ ئاللاھقا ئائىت بولمىغان. ھۆكۈمنىڭ ئورۇنغا ئائىت بولۇشى دېگەنلىك شۇ ئورۇن توغرىسىدا «ئۇ تۇرۇۋاتىدۇ، ئولتۇرۇۋاتىدۇ، يەۋاتىدۇ، ئىچىۋاتىدۇ» دەپ خەبەر بەرگىلى بولۇشتۇر(9).

[149] بۇ مۇنازىرىدە ئىمام ئىبنۇلقەييىمنىڭ ئۆزى ۋە ئۇستازى ئىمام ئىبنى تەيمىييە توغرا دەپ قارىغان قاراش بىلەن ئەھلىسۈننەت مەزھەبىنى سۈرەتلىگەنلىكىنى كۆرىمىز. چۈنكى، ئىبنى تەيمىييەنىڭ قارىشىچە، بەندىنىڭ پېئىللىرى بەندىگە نىسبەت بېرىلىدۇ، ئۇ پېئىللارنىڭ ياراتقۇچىسى ئاللاھ تائالادۇر. چۈنكى، ئاللاھ بەندىدە پائالىيەت قىلغۇچى قۇۋۋەتنى ياراتقان. (شۇ قۇۋۋەتنى) ئىشلىتىش بەندە تەرەپتىندۇر. بەندىنىڭ ئۇنىڭغا نىسبەت بېرىلىدىغان پېئىللار بىلەن بولغان ئالاقىسى — ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ياراتقان نەرسىنى ئىشلەتكۈچىنىڭ ئالاقىسىدىن ئىبارەتتۇر. شۈبھىسىزكى، ئاشۇ ئىشلىتىشنىڭ ئۆزى ئاللاھ تائالا بەندىگە ئورۇنلاشتۇرغان قۇۋۋەتتۇر.

شۇڭلاشقا، ئىمام ئىبنۇلقەييىم ئىمام ئەشئەرىينىڭ بۇ مەسىلىدىكى قارىشىنى ئەھلىسۈننەتنىڭ قارىشى دەپ ھېسابلىمايدۇ، بەلكى ئەشئەرىيلەرنى جەبرىيلەردىن ھېسابلايدۇ. بىز سۈننىيلەر توغرىسىدا سۆزلىگىنىمىزدە، ئۇلارنىڭ مۇشۇ مەسىلىدىكى مەزھەبلىرىنى بايان قىلىمىز.

 

ئىسلام مەزھەبلىرى تارىخى/ تاريخ المذاهب الإسلامية؛ ئىمام مۇھەممەد ئەبۇ زەھرە؛ مۇھەممەد قاۋۇل قاراخانىي تەرجىمىسى؛ ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى

————————————————————————
1.

2. ئەبۇ داۋۇد (4691)؛ ھاكىم (286)؛ ئىبنى ئەبى ئاسىم: «سۈننەت»، (339). ئالبانىي: «ھەسەن» دېگەن. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەتى.
3. مۇستافا سەبرىي: «مەۋقىفۇل بەشەر (موقف البشر تحت سلطان القدر)»، 314 – بەت. دوكتور ئەلى مۇھەممەد زىينۇ نەشرگە تەييارلىغان، دارۇللۇباب، 1- باسمىسى، بېيرۇت، م. 2019.
4. جامالىددىن ئىبنى نۇباتە ئەلمىسرىي: «سەرھۇل ئۇيۇن»، 29 – بەت.
5. ئەھمەد ئىبنى يەھيا مۇرتەزا: «ئەلمۇنيەتۇ ۋەلئەمەل فى شەرھىل مىلەلى ۋەننىھەل»، 144، 145 – بەت.
6. ئەھمەد ئىبنى يەھيا مۇرتەزا: يۇقىرىقى مەنبە، 145 – بەت.
7. ئىمام ئەبۇ ئەمر ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەمر ئىبنى يۇھمەد ئەلئەۋزائىي (عَبْدُ الرَّحْمَنِ بنُ عَمْرِو بنِ يُحْمَدَ الْأَوْزَاعِيُّ، ھ. 88 – 157/م. 707 – 774) — ھەدىسشۇناس ۋە مۇجتەھىد ئىماملارنىڭ بىرى. ئۆز زامانىدىكى شام دىيارىنىڭ ئىمامى. قازىلىق مەنسىپىنى رەت قىلغان. غازاتلار تارىخى ۋە ئەھكاملىرىدا «ئەسسىيەر»، فىقھتا «ئەسسۈنەن» ۋە 70 مىڭ مەسىلىگە جاۋاب بەرگەن «ئەلمەسائىل» دېگەن ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىفى.
8. ئىككى مەنىۋى ئىش: ھۆكۈمنى ئاللاھتىن نەفيى قىلىش ياكى ئاللاھقا ئىسپاتلاش. ئىككى لەفزىي ئىش: مەنفىي ياكى مۇسبەت ھۆكۈمنىڭ بەندىگە ئائىت بولۇشى ۋە بەندىگە ئىسىم ياساش.
9. بۇ مۇنازىرىنىڭ تامامى ئىمام ئىبنۇلقەييىمنىڭ «شىفائۇل ئەلىل»دا بار.

Please follow and like us: