ئەلمۇھەيمىن جەللە جەلالۇھۇ

ئەلمۇھەيمىن جەللە جەلالۇھۇ

ئاللاھ تائالا ئېيتقانكى: ﴿هُوَ اللَّهُ الَّذِي لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ الْمَلِكُ الْقُدُّوسُ السَّلَامُ الْمُؤْمِنُ الْمُهَيْمِنُ الْعَزِيزُ الْجَبَّارُ الْمُتَكَبِّرُ ۚ سُبْحَانَ اللَّهِ عَمَّا يُشْرِكُونَ (ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئۇ (مۇتلەق) پادىشاھتۇر (يەنى پۈتۈن مەخلۇقاتنىڭ مالىكىدۇر)، پاكتۇر (يەنى ھەممە نۇقساندىن پاكتۇر)، (مۇئمىنلەرگە) سالامەتلىك بېغىشلىغۇچىدۇر، (دوستلارنى قورقۇنچتىن، ئازابتىن) ئەمىن قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر، غالىبتۇر، قەھر قىلغۇچىدۇر، ئۇلۇغلۇق ئىگىسىدۇر، (مۇشرىكلارنىڭ) شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر)﴾(59/«ھەشر»: 23).

بۇ ئىسىمنىڭ ئاللاھ ھەققىدىكى مەنىسى

ئەلمۇھەيمىن جەللە جەلالۇھۇ: ئۇ زات تۆۋەندىكى ئۈچ سۈپەتنىڭ يىغىندىسى بىلەن سۈپەتلەنگۈچىدۇر:

بىرىنچى: شەيئىلەرنىڭ ئەھۋالىنى بىلىش؛

ئىككىنچى: ئاشۇ شەيئىنىڭ پايدا – مەنپەئەتلىرىنى ھاسىل قىلىشقا تولۇق قۇدرىتى يېتىش؛

ئۈچىنچى: ئاشۇ مەنپەئەتلەرنى ھاسىل قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇش. بۇ سۈپەتلەرنىڭ ھەممىسىنى جەملىگەن زاتنىڭ ئىسمى بولسا «ئەلمۇھەيمىن»دۇر. بۇ سۈپەتلەر تولۇق ھالەتتە پەقەت ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالادىلا جەم بولىدۇ. كىمكى ئۇنىڭدا بۇ سۈپەتلەر تېپىلمىسا، «مۇھەيمىن» بولالمايدۇ.

ئەلمۇھەيمىن جەللە جەلالۇھۇ — ئۇ مەخلۇقاتلىرىنىڭ پۈتۈن ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچى، ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن ئىشلىرىنى، قەلبىدە يوشۇرغانلىرىنى بىلىپ تۇرغۇچى، ئەمەللىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچى، گەپ – سۆز، ئىش – ھەرىكەت ۋە پۈتۈن تەسەررۇپاتلىرىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچى زاتتۇر.

ئاللاھ تائالانىڭ مەخلۇقاتلىرىنى ئىدارە قىلىپ تۇرۇشى ئۇلارنى بىلىپ تۇرىدىغانلىقى، ئىگە بولىدىغانلىقى ۋە مۇھاپىزەت قىلىدىغانلىقى بىلەن بولىدۇ. ھەرقانداق نازارەتچى بولىدىكەن، ئۇ ئۆزىنىڭ دائىرىسىگە ئىگە بولغۇچى، ئاسرىغۇچىدۇر. دېمەك، ئۇ شۇ دائىرىنى كونترول قىلغۇچىدۇر. نازارەت قىلىش دېگەن ئىلىم بىلەن بولىدۇ. ئىگە بولۇش دېگەن كامىل قۇدرەت بىلەن بولىدۇ. مۇھاپىزەت قىلىش، ئاسراش بولسا ئەمەلىي ھەرىكەت بىلەن بولىدۇ. دېمەك، بۇ مەنالارنىڭ ھەممىسىنى جەملىگۈچىنىڭ ئىسمى «ئەلمۇھەيمىن»دۇر. بۇ سۈپەتلەر مۇتلەق ۋە كامىل ھالەتتە پەقەت ئاللاھ ئەززە ۋەجەللەدىلا تېپىلىدۇ(1).

«ھەيمەنە» دېگەن سۆز ئەسلىدە ساقلاش، كۆزىتىش دېگەنلىكتۇر. مەسىلەن، ئەگەر بىرسى يەنە بىرسىگە كۆزەتچى بولغان بولسا، «هيمن فلان على فلان» دەيمىز(2).

قۇرئان كەرىمدىكى قىسسەلەرنى ئوقۇپ چىقساق، ئاللاھ تائالا پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنى ھالاك قىلىپ، مۇسا ئەلەيھىسسالامنى زېمىندا يەرلەشتۈرۈشنى ئىرادە قىلغاندا، ئاللاھ تائالانىڭ بۇ گۈزەل ئىسمىنىڭ قانداق ئۆز ئىپادىسىنى تاپقانلىقىنى كۆرۈپ يېتىمىز.

ئاللاھ تائالا دېگەنكى: ﴿مۇسانىڭ ئانىسىغا ئىلھام بىلەن بىلدۈردۇقكى: «مۇسانى ئېمىتكىن، ئۇنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىدىن قورقساڭ، ئۇنى (ساندۇققا سېلىپ) دەرياغا (يەنى نىل دەرياسىغا) تاشلىغىن، ئۇنى (ھالاك بولارمىكىن دەپ) قورقمىغىن، (ئۇنىڭ پىراقىدىن) قايغۇرمىغىن، ئۇنى ساڭا چوقۇم قايتۇرىمىز ۋە ئۇنى پەيغەمبەرلەردىن قىلىمىز»﴾(28/«قەسەس»: 7).

لېكىن، بىر ئانا قانداقمۇ ئۆزىنىڭ يۈرەك پارىسى، جىگەر پارىسى بولغان بالىسىنى دەرياغا تاشلايدۇ؟

بۇنىڭ جاۋابى شۇكى: ئەلمۇھەيمىن جەللە جەلالۇھۇ ئۇنىڭ قەلبىنى كونترول قىلدى – دە، ئۇنىڭغا سەبر ۋە تەمكىنلىكنى تاشلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئانا بويسۇنۇپ، بالىسىنى ساندۇققا سېلىپ، دەرياغا تاشلىدى.

ئاندىن ئەگەر ئاللاھ ئۇنىڭ قەلبىنى كونترول قىلىپ، بالىسىنى يوشۇرۇشنى ئىلھام قىلمىغان بولسا، ئۇنى ئاشكارىلاپ قويۇشقا تاس قالغان ئىدى. ئاللاھ تائالا ئېيتقانكى: ﴿مۇسانىڭ ئانىسى (مۇسانىڭ پىرئەۋننىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ) ئەس – ھوشىنى يوقاتتى، (ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ بالىنى قايتۇرۇش ۋەدىسىگە) ئىشەنگۈچىلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلمىغان بولساق، ئۇ بالىنى ئاشكارىلاپ قويغىلى تاس قالغان ئىدى﴾(28/«قەسەس»: 10). ئاندىن ئاللاھ ئاشۇ ساندۇقنى كونترول قىلدى، ئۇ ساندۇق پىرئەۋننىڭ قەسرىنىڭ يېنىدا توختىدى. قوغدىغۇچى مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرمەكچى بولغاندا، ئاللاھ تائالا پىرئەۋننىڭ ئايالىنىڭ قەلبىنى كونترول قىلدى – دە، ئۇ ئايال چىقىپ پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ لەشكەرلىرىگە خىتاب قىلدى: ﴿«پىرئەۋننىڭ ئايالى: «(بۇ بالا) ماڭا ۋە ساڭا كۆز نۇرى، (يەنى خۇشاللىق) بولسۇن، ئۇنى ئۆلتۈرمەڭلار، بەلكى ئۇ بىزگە پايدا يەتكۈزەر ياكى ئۇنى ئوغۇل قىلىۋالارمىز» دېدى. ھالبۇكى، ئۇلار (پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرىنىڭ ھالاكىتىنىڭ مۇسانىڭ قولىدا بولىدىغانلىقىنى) ئۇقمايتتى﴾(28/«قەسەس»: 9). ئاللاھ تائالا پىرئەۋننىمۇ كونترول قىلدى، ئۇ بىر لەھزە ئۆزىنىڭ زالىملىقى ۋە ھەددىدىن ئېشىشىدىن چىقىپ، ئايالىغا ئىتائەت قىلدى ۋە ئۇنىڭ دېگىنىگە ماقۇل بولدى. ھالبۇكى ئۇ دۈشمىنىنى ئۆيىدە تەربىيەلىمەكچى بولغانلىقىنى ئۇقمايتتى.

ئاندىن بوۋاق (مۇسا ئەلەيھىسسالام) ئەممەكچى بولغاندا، ئاللاھ ئۇنىڭ قەلبىنى كونترول قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئانىسىدىن باشقا ھېچقانداق ئايالنىڭ كۆكسىنى شوراشقا ئۇنىمىدى. ئاللاھ تائالا ئېيتقانكى: ﴿ئانىسى مۇسانىڭ ھەمشىرىسىگە: «(خەۋەرنى ئۇقۇش ئۈچۈن) مۇساغا ئەگەشكىن» دېدى. ھەمشىرىسى مۇسانى يىراقتىن كۆرۈپ تۇردى. ھالبۇكى، ئۇلار (ئۇنى) تونۇمايتتى. (ئۆز ئانىسى كېلىشتىن) ئىلگىرى مۇسانى سۈت ئەمگۈزگۈچى ئاياللارنىڭ ئېمىتىشىدىن توستۇق، مۇسانىڭ ھەمشىرىسى: «سىلەرگە مۇسانى باقىدىغان ئوبدان بىر ئائىلىنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟ ئۇلار مۇسانى ئىخلاس بىلەن باقىدۇ» دېدى. ئانىسىنىڭ خۇشال بولۇشى، قايغۇرماسلىقى ۋە ئاللاھنىڭ ۋەدىسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلىشى ئۈچۈن بىز مۇسانى ئۇنىڭغا قايتۇردۇق، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى (ئاللاھنىڭ ۋەدىسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى) بىلمەيدۇ﴾(28/«قەسەس»: 11 – 13).

دېمەك، ئەلمۇھەيمىن جەللە جەلالۇھۇ مۇشۇنىڭدەك قەلبلەرنى، ئەقىللەرنى، ئەھۋاللارنى ۋە ئىشلارنى كونترول قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ مۇنۇ سۆزىنى ئويلىنىپ باقايلى: ﴿ئاللاھ (خاھلىغان) ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا قادىردۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى (بۇنى) ئۇقمايدۇ﴾(12/«يۈسۈف»: 21).

ئاللاھ تائالا ئېيتقانكى: ﴿وَأَنْزَلْنَا إِلَيْكَ الْكِتَابَ بِالْحَقِّ مُصَدِّقًا لِمَا بَيْنَ يَدَيْهِ مِنَ الْكِتَابِ وَمُهَيْمِنًا عَلَيْهِ ((ئى مۇھەممەد!) بىز ساڭا ئۆزىدىن ئىلگىرىكى (ساماۋى) كىتابلارنى ئېتىراپ قىلغۇچى ۋە ئۇلارغا شاھىت بولغۇچى ھەق كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) نازىل قىلدۇق﴾(5/«مائىدە»: 48). دېمەك، قۇرئان ئىلگىرىكى كىتابلارغا شاھىت بولغۇچى (كونترول قىلغۇچى) بولغانىكەن، ئۇ ئىلگىرىكى كىتابلاردىكى بەزى جايلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋېتىپ، ئۇنىڭدىكى ئەڭ ياخشى نەرسىلەرنى ئېلىپ كەلگەندۇر ۋە بەنى ئىسرائىلغا ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان ئىشلارنىڭ كۆپىنچىسىنى سۆزلەپ بېرىپ، ئۇلاردىكى ھەقنى ئاشكارىلاپ بەرگەندەك، ئۇلاردىكى خاتالىقلارنىمۇ ئاشكارىلاپ بەرگەندۇر.

ئەگەر قۇرئان كەرىم ئۆزىدىن ئىلگىرىكى كىتابلارنى كونترول قىلغان بولسا، بۇ كىتابلار نازىل قىلىنغان كىشىلەرنىمۇ كونترول قىلىشى، ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى ۋە باشقا بارلىق ئەھۋاللىرىنىمۇ كونترول قىلىشى لايىقتۇر. ئۇلارمۇ بۇ كىتابقا ئەھمىيەت بېرىشى، بۇ كىتابنىڭ ھۆكمىگە بويسۇنۇشى، بۇ كىتاب بويىچە ياشىشى، ئۇنىڭدىن باشقىنى رەت قىلىشى لايىقتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ: ﴿ئۆزىدىن ئىلگىرىكى (ساماۋى) كىتابلارنى ئېتىراپ قىلغۇچى ۋە ئۇلارغا شاھىت بولغۇچى ھەق كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) نازىل قىلدۇق﴾(5/«مائىدە»: 48) دەپ بولۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن: ﴿ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاللاھ ساڭا نازىل قىلغان قۇرئان (ئەھكامى) بويىچە ھۆكۈم قىلغىن، ساڭا كەلگەن ھەقتىن بۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن. (ئى ئۈممەتلەر!) سىلەرنىڭ ھەر بىرىڭلارغا بىرخىل شەرىئەت ۋە ئوچۇق يول تەيىن قىلدۇق﴾ دېدى.

ئەگەر بۇ كىتاب بىزنىڭ ھاياتىمىزنى كونترول قىلىپ، بىز ئۇ كىتابقا ئەگەشسەك، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلساق، ئۇنىڭ ئەھكامى بويىچە ھۆكۈم قىلساق ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغان رىشتىمىزنى ياخشىلىساق، چوڭ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن بولىمىز. ﴿ئى ئىنسانلار! سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن نەسىھەت بولغان، دىللاردىكى دەردكە (يەنى شەك ۋە نادانلىققا) شىپا بولغان، مۇئمىنلەرگە ھىدايەت ۋە رەھمەت بولغان (قۇرئان) كەلدى. ئېيتقىنكى، «ئۇلار ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە رەھمىتىدىن خۇشال بولسۇن، بۇ ئۇلارنىڭ يىغقان (دۇنيا – ماللىرىدىن) ياخشىدۇر»﴾(10/«يۇنۇس»: 57، 58).

ئەبۇ سەئىد خۇدرىي ۋە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار دېگەنكى: «ئاللاھنىڭ پەزلى قۇرئان، رەھمىتى ئىسلامدۇر»(3).

 

ئاللاھ تائالاغا ئەلمۇھەيمىن دېگەن بۇ گۈزەل ئىسمىغا قارىتا قانداق ئىبادەت قىلىمىز؟

بىرىنچى: يەككە – يېگانە ئول ئاللاھقىلا ئېسىلىشىمىز، ئۇنىڭغىلا تايىنىشىمىز ۋە ئۇنىڭ تەرىپىگىلا پاناھلىنىشىمىز كېرەك

ئەگەر بەندە «(مەخلۇقاتلارنى) پۈتۈن كونترول قىلىش ۋە تولۇق قورشاپ تۇرۇش نامى ئۇلۇغ ئول ئاللاھقىلا خاستۇر» دەپ بىلسە، قانداقمۇ ئۇ ئاللاھنىڭ غەيرىگە تەلپۈنىدۇ؟! قەلبى قانداقمۇ ئاللاھتىن باشقىسىغا ئېسىلىدۇ؟!

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە ئۆگەتكەن سەپەر قىلغاندا ئوقۇلىدىغان دۇئانى تەپەككۇر قىلغۇچى ئاللاھنىڭ ئەلمۇھەيمىن دېگەن ئىسمىنىڭ تەسىرلىرىنى ئاشكارا بىلىپ يېتەلەيدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە مۇنداق دېيىشىمىزنى ئۆگەتكەن: «سُبْحَانَ الذي سَخَّرَ لَنَا هذا، وَما كُنَّا له مُقْرِنِينَ، وإنَّا إلى رَبِّنَا لَمُنْقَلِبُونَ، اللَّهُمَّ إنَّا نَسْأَلُكَ في سَفَرِنَا هذا البِرَّ وَالتَّقْوَى، وَمِنَ العَمَلِ ما تَرْضَى، اللَّهُمَّ هَوِّنْ عَلَيْنَا سَفَرَنَا هذا، وَاطْوِ عَنَّا بُعْدَهُ، اللَّهُمَّ أَنْتَ الصَّاحِبُ في السَّفَرِ، وَالْخَلِيفَةُ في الأهْلِ، اللَّهُمَّ إنِّي أَعُوذُ بكَ مِن وَعْثَاءِ السَّفَرِ، وَكَآبَةِ المَنْظَرِ، وَسُوءِ المُنْقَلَبِ في المَالِ وَالأهْلِ وَالْوَلَدِ (بىزگە بۇنى بويسۇندۇرۇپ بەرگەن زات پاكتۇر، بىز ئۇنىڭغا مىنىشكە قادىر ئەمەس ئىدۇق. بىز ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىمىزنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز. ئى ئاللاھ! سەندىن مۇشۇ سەپىرىمىزدە ياخشىلىق ۋە تەقۋالىق سورايمىز ۋە سەن رازى بولىدىغان ئەمەللەرنى سورايمىز. ئى ئاللاھ! بىزنىڭ بۇ سەپىرىمىزنى ئاسان قىلغايسەن ۋە ئۇنىڭ يىراقلىقىنى يېقىن قىلغايسەن. ئى ئاللاھ! بۇ سەپىرىمىزنىڭ ئىگىسى ۋە ئەھلىمىزنىڭ يۆلەنچۈكى سەندۇرسەن. ئى ئاللاھ! ساڭا سىغىنىپ سەپەرنىڭ مۇشەققىتىدىن ۋە سەپەردىن قايتقاندا مال، ئەھلى – ئايال، بالىلىرىمىزنىڭ يامان كۆرۈنۈشىدىن، يامان ھالىتىدىن پاناھ تىلەيمەن)». رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سەپەردىن قايتىپ كەلگەن ۋاقتىدا يۇقىرىقى دۇئالارنى ئوقۇپ بولۇپ، ئارقىدىن يەنە: «آيِبُونَ تَائِبُونَ عَابِدُونَ، لِرَبِّنَا حَامِدُونَ (بىز قايتقۇچىلارمىز، تەۋبە قىلغۇچىلارمىز، ئىبادەت قىلغۇچىلارمىز، پەرۋەردىگارىمىزغا ھەمد ئېيتقۇچىلارمىز) دېگەن سۆزنى قوشۇپ قوياتتى»(4).

ئىككىنچى: ئاللاھ تائالانىڭ بىزنىڭ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھەممە ئىشلىرىمىزنى كۆزىتىپ تۇرىدىغانلىقىنى ھېس قىلىشىمىز كېرەك

كىمكى ئەلمۇھەيمىن ئاللاھنى تونۇسا، مەخلۇقاتلىرىدىن سادىر بولغان بارلىق گەپ – سۆز، ئىش – ھەرىكەتلەرنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلسە ۋە ئۇ ئاللاھتىن ئاسمان – زېمىندىكى زەررە چاغلىق ھېچبىر نەرسىنىڭ مەخپىي قالمايدىغانلىقىنى بىلسە، ئاشكارا – يوشۇرۇن ھەممە ھالەتلىرىدە رەببىنى كۆز ئوڭىدا تۇتىدۇ، رەببىنى غەزەبلەندۈرىدىغان گەپ – سۆز، ئىش – ھەرىكەتلەردىن يىراق تۇرىدۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاجىز كېلىپ، ئاللاھنى غەزەبلەندۈرىدىغان ئىشلارنى قىلىپ سالغان تەقدىردىمۇ، تېزلا تەۋبە قىلىپ، ئاللاھنىڭ تەرىپىگە قايتىدۇ. ئاللاھ ئېيتتى: ﴿سەن قايسى ھالەتتە بولمىغىن، قۇرئاندىن قايسى نەرسىنى ئوقۇمىغىن، سىلەر قايسىبىر ئىشنى قىلماڭلار، ئۇنىڭ بىلەن بولۇۋاتقان ۋاقتىڭلاردا ھامان بىز سىلەرنى كۆزىتىپ تۇرىمىز، ئاسمان – زېمىندىكى زەررە چاغلىق نەرسە ۋە ئۇنىڭدىن كىچىك ياكى چوڭ نەرسە بولسۇن، ھېچقايسىسى ئاللاھنىڭ بىلىشىدىن چەتتە قالمايدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى لەۋھۇلمەھپۇزدا خاتىرىلەنگەندۇر﴾(10/«يۇنۇس»: 61).

ئاندىن ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتىن كېيىن ئېيتقان سۆزلەرنى ئويلاپ باقايلى: ﴿راستلا ئاللاھنىڭ دوستلىرىغا (ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) قورقۇش، (دۇنيادا قولدىن كەتكۈزۈپ قويغانغا) قايغۇرۇش يوقتۇر. ئۇلار ئىمان ئېيتقان ۋە تەقۋادارلىق قىلغانلاردۇر. ئۇلارغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە خۇش خەۋەر بېرىلىدۇ (يەنى دۇنيادا جان ئۈزۈش ۋاقتىدا، ئاللاھنىڭ رازىلىقى ۋە رەھمىتىگە ئېرىشىدىغانلىقى بىلەن، ئاخىرەتتە نازۇنېمەتلىك جەننەتكە كىرىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىلىدۇ)، ئاللاھ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ، ئەنە شۇ كاتتا بەختتۇر﴾(10/«يۇنۇس»: 62 – 64).

دېمەك، ئاللاھنىڭ ھەممىنى كۆزىتىپ تۇرىدىغانلىقى ۋە ھەممىنى كونترول قىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلىشنىڭ مېۋىسى بولسا ئاللاھنىڭ دوستلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشتۇر. بۇ دوستلۇقنىڭ مېۋىسى بولسا دۇنيادا بەختلىك بولۇش، ئاخىرەتتە نىجات تېپىشتۇر. ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ ئەرشنىڭ ئۈستىدە بولۇپ، ئۇ ئاللاھقا سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلاردىن ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ»(5).

ئۈچىنچى: غەيبلەرنى بىلگۈچى ئاللاھنىڭ قەلبلەرنى كونترول قىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلىشىمىز كېرەك

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ھەقىقەتەن ئادەم بالىلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ قەلبلىرى رەھمان تائالانىڭ بارماقلىرىدىن ئىككى بارماقنىڭ ئارىسىدا بولۇپ، بىر قەلبكە ئوخشاشتۇر. ئاللاھ ئۇنى خاھلىغىنىچە تەسەررۇپ قىلىپ تۇرىدۇ»(6) دېگەن.

دېمەك، ئىنسان باشقا بىرىنىڭ قەلبىنى كونترول قىلىشى ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەممە سەۋەبلىرىگە ئىگە بولۇپ كەتسىمۇ، ھەرگىز ئۇنداق قىلالمايدۇ. چۈنكى، بەندىلەرنىڭ قەلبلىرى پۈتۈن نۇقسانلاردىن پاك بولغان بەندىلەرنىڭ رەببىنىڭ قولىدىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، باشقىلارنىڭ دوستلۇقى ۋە رازىلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئۇلارنىڭ قەلبىدە بىر كىشىلىك ئورنىمىزنى تىكلەش ئۈچۈن ئۆزىمىزنى چارچاتمايلى! ئەلمۇھەيمىن جەللە جەلالۇھۇنى رازى قىلايلى، شۇندىلا ئۇ ئاللاھ بەندىلىرىنى بىزدىن رازى قىلىدۇ.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمكى (گەرچە) كىشىلەرنىڭ يامان كۆرۈشىگە ئېلىپ بارسىمۇ، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تەلەپ قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولىدۇ ۋە كىشىلەرنى ئۇنىڭدىن رازى قىلىدۇ (باشقىلارغا ئۇ كىشىدىن رازى بولۇشنى ئىلھام قىلىدۇ). كىمكى ئاللاھنىڭ غەزەبلەندۈرۈشىگە ئېلىپ بارىدىغان بولسىمۇ، كىشىلەرنىڭ رازىلىقىنى تەلەپ قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا غەزەب قىلىدۇ ۋە كىشىلەرنىمۇ ئۇنىڭغا غەزەبلەندۈرىدۇ (ئىنسانلارغا ئۇنىڭغا غەزەب قىلىشنى ئىلھام قىلىدۇ)»(7).

بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، كىمكى ئاللاھنى ئۇنتۇپ، ۋاسىتە تاللىماستىن ئىنسانلارنى رازى قىلىشقا ئۇرۇنىدىكەن، ئۇ بەزىدە ئارزۇسىغا يەتكەندەك قىلسىمۇ، يەنىلا كىشىلەر تەرىپىدىن ئۆچ كۆرۈلىدىغان ئادەم بولۇپ قالىدۇ. بەزىدە ئاللاھ سىناپ ئارغامچىسىنى ئۇزۇن قويۇۋېتىپ، ئۇنى ئارزۇسىغا يەتكۈزۈپمۇ قويىدۇ. ئەگەر ئاللاھ تائالا بىر بەندىنى ياخشى كۆرسە، بەندىلىرىنىڭ قەلبىگە ئۇنىڭ سۆيگۈسىنى تاشلايدۇ. ئەگەر بىر بەندىنى يامان كۆرسە، بەندىلىرىنىڭ قەلبىگە ئۇنىڭغا نەپرەتلىنىشنى تاشلايدۇ.

تۆتىنچى: يېگانە ئول ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغان، ۋەدىسىگە ئىشەنگەن ھالدا خاتىرجەم، تىنچ ياشىشىمىز كېرەك

بەندە ئاللاھنىڭ ھەممىنى كونترول قىلىپ تۇرغۇچى (ئەلمۇھەيمىن) ئىكەنلىكىنى بىلسە، باشقا ھەممە نەرسىدىن ئۈمىدىنى ئۈزىدۇ – دە، پەقەت ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلىدۇ، ئاللاھقىلا ئىشىنىدۇ، ئاللاھتىنلا ياردەم سورايدۇ ۋە ئاللاھنىڭلا تەرىپىگە پاناھلىنىدۇ. مانا مۇشۇنداق ھالەتتە بولغان ئىنسان تىنچ، خاتىرجەم ياشايدۇ. داۋاملىق ياخشى ئىشلارنى قىلىدۇ ۋە داۋاملىق يۇقىرىغا ئۆرلەيدۇ. چۈنكى، ئۇ ئەلمۇھەيمىن جەللە جەلالۇھۇنىڭ ھامىيلىقىدا ياشايدۇ ۋە «ئۆزىگە ئاللاھ تەقدىر قىلغاندىن باشقىسى يەتمەيدۇ» دەپ بىلىدۇ.

بەشىنچى: ھەقنى سۆزلەشتە شىجائەتلىك، ئاللاھ بارىسىدا مالامەت قىلغۇچىنىڭ مالامىتىدىن قورقمايدىغان بولۇشىمىز كېرەك

چۈنكى، ئەلمۇھەيمىن جەللە جەلالۇھۇ بىزنى ئۆزىنىڭ كۈچ – قۇدرىتى بىلەن كۈچلۈك بولۇشقا، ئىززىتى بىلەن ئەزىزلىك تەلەپ قىلىشقا ۋە ئۆزىنى رازى قىلىش يولىدا ھېچكىمگە پەرۋا قىلماستىن ئەمەل قىلىشقا بۇيرۇيدۇ.

ھەقىقەتەن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىلەن قەۋمىنىڭ ئارىسىدا بولغان ئىشلارنى ئاللاھ تائالا مۇنداق سۆزلەپ بەرگەن: ﴿ئۇلار ئېيتتى: «ئىبراھىمنى كۆيدۈرۈڭلار، ئىلاھلىرىڭلارغا ياردەم بېرىڭلار، ئەگەر ئۇلارغا ھەقىقىي ياردەم بەرمەكچى بولساڭلار». بىز ئوتقا: «ئى ئوت! ئىبراھىمغا سالقىن ۋە ئامانلىق (بەخش ئېتىدىغان) بولۇپ بەرگىن» دېدۇق﴾(21/«ئەنبىياﺋ»: 68، 69). بۇنىڭدەك كەسكىن مەيداندا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام قانداقمۇ ئوتتىن قۇتۇلالىسۇن؟! لېكىن ئەلمۇھەيمىن جەللە جەلالۇھۇ ئاشۇ ئوتنىڭ تەبىئىتىنى كۆيدۈرۈشتن سالقىن ۋە ئامانلىق بەخش ئەتكۈچى بولۇشقا ئايلاندۇرۇپ بەردى.

ئالتىنچى: ئاللاھ تائالاغا ئەلمۇھەيمىن دېگەن ئىسمىنى ۋەسىلە قىلىپ تۇرۇپ دۇئا قىلىشىمىز كېرەك

أسألك اللهمَّ باسمك المهيمن أن تؤمِّنَني من كل خوف، وتؤمِّنَ قلبي من كل ريبةٍ وشكٍّ، وتؤمِّن عقلي من كل ضلالٍ وزيغ (ئى ئاللاھ! سەندىن سېنىڭ ئەلمۇھەيمىن دېگەن ئىسمىڭنى ۋەسىلە قىلىپ تۇرۇپ سورايمەنكى، مېنى ھەرقانداق قورقۇنچتىن ئەمىن قىلغايسەن، قەلبىمنى ھەرقانداق شەك – شۈبھەدىن ئەمىن قىلغايسەن، ئەقلىمنى ھەرقانداق ئازغۇنلۇق، تېيىلىپ كېتىشلەردىن ساقلىغايسەن).

 

مەنبەسى: المُهيمن جلَّ جلالُه – د. شريف فوزي سلطان – https://www.alukah.net

تەرجىمىدە: مۇھەممەدجان بارات

—————————————————
1. ئىمام غەزالىي: «ئەلمەقسەدۇلئەسنا».
2. ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي».
3. ئىمام قۇرتۇبىي: «ئەلجامىئۇ لىئەھكامىل قۇرئان».
4. مۇسلىم (1342).
5. ئىمام زەھەبىي: «مۇختەسەرۇلئۇلۇۋۋى».
6. مۇسلىم (2654).
7. تىرمىزىي (2414). ئالبانىي: «سەھىھ لىغەيرىھى» دېگەن.

Please follow and like us: