كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ خىلافەت ھەققىدىكى مەزھەبى

كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ خىلافەت ھەققىدىكى مەزھەبى

[107] يۇقىرىقىلار بىر تەرەپكە ئېغىش ۋە بىر تەرەپكە زىيادە چىڭ ئېسىلىۋېلىش سەۋەبلىك، بىر تەرەپلىمە خاتا تەپەككۇر قىلغانلارنىڭ قاراشلىرىدۇر. مەسىلەن، ئەلەۋىيلەر خىلافەتنى پەيغەمبەر مىراسى ۋە پەيغەمبەرنىڭ ئۆزىدىن كېيىنكىلەرگە قىلغان ۋەسىيىتى دەپ ئېتىبارغا ئېلىش تەرىپىگە ئاغدى. يەنە باشقىلار خىلافەت ھەققىدىكى ھەممە باغلاقتىن بوشىنىش تەرىپىگە يۈزلەندى.

كۆپچىلىك ئالىملار بۇ ئىشتا ئوتتۇراھال يول تۇتقان. ئۇلار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن رىۋايەت قىلىنغان «الأَئِمَّةُ مِنْ قُرَيْشٍ / خەلىفەلەر قۇرەيشتىن بولىدۇ»(1) دېگەن ھەدىسكە ئېسىلىپ، خەلىفەنىڭ قۇرەيشتىن بولىدىغانلىقىغا ئومۇمەن ئىتتىپاقلاشقان. ئۇلار مۇشۇ ھەدىسنى ئاساس قىلغان، رېئاللىقمۇ شۇنى قوللىغان.

بىر پىرقە بىر تەرىپىنى، يەنە بىر پىرقە يەنە بىر تەرىپىنى تۇتىۋالغان بىر تەرەپلىمە قاراشلارنىڭ ئارىسىدىكى ئوتتۇراھال قاراشنى مۇشۇنچىلىكلا بايان قىلىپ قويۇش بىلەن كۇپايىلەنمەيمىز، بەلكى ئىسلام فۇقەھائلىرىنىڭ سىياسەت مەسىلىسىدىكى قارىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشىمىز لازىم. ئەنە شۇ ئوتتۇراھال مەزھەب بولۇپ، بۇ مەزھەب ساھابەلەرنىڭ ئىش – ئىزلىرىغا ۋە پىرقەلەرگە بۆلۈنۈشتىن بۇرۇنقى ئەمەلىي ھالەتكە ئۇيغۇن كېلىدۇ.

[108] كۆپچىلىك ئالىملار بىرلىكنى بەرپا قىلىپ، جامائەتلەرنى تەرتىپكە سالىدىغان، ھەدلەرنى ئىجرا قىلىدىغان، بايلاردىن زاكاتلارنى يىغىپ كەمبەغەللەرگە تارقىتىدىغان، چېگرالارنى قوغدايدىغان، قازىلارنى تەيىنلەپ جېدەل – ماجىرالاردا كىشىلەرنىڭ ئارىسىنى ئايرىيدىغان، كىشىلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرىدىغان، شەرىئەت ئەھكاملىرىنى يۈرگۈزىدىغان، قالايمىقانچىلىق ۋە بۆلگۈنچىلىكنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان، ئىسلام تەرغىب قىلغان مۇنەۋۋەر شەھەر قۇرىدىغان بىر ئىمامنىڭ ۋاجىب ئىكەنلىكىگە بىرلىككە كەلگەن.

مۇشۇنىڭغا مۇسۇلمانلار بىرلىككە كەلگەن ۋە دىن ئىشى دەسلەپكى تارىخىدا شۇ بويىچە رۇس بولغان. كۆپچىلىك ئالىملار خىلافەتنىڭ پەيغەمبەرچە خىلافەت بولۇشى، مۇستەبىت پادىشاھلىق بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئىمامدا تۆت شەرتنىڭ بولۇشى كېرەكلىكىدە ئىتتىپاقلاشقان. بۇ تۆت شەرت: قۇرەيشلىك بولۇش، بەيئەت، كېڭەش (شۇرا) ۋە ئادالەت.

1. قۇرەيشلىك بولۇش

[109] خىلافەتنىڭ قۇرەيش ئىچىدە بولۇشىغا ئىشارە قىلىدىغان ۋە قۇرەيشنىڭ ئارتۇقچىلىقى ھەققىدە كەلگەن كۆپلىگەن ھەدىسلەرگە ئاساسەن، ئىمامنىڭ قۇرەيشتىن بولۇشى شەرت قىلىنغان. بۇ ھەدىسلەر قاتارىدا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنۇ سۆزى بار: «لاَ يَزَالُ هَذَا الأَمْرُ فِي قُرَيْشٍ مَا بَقِيَ مِنْهُمُ اثْنَانِ / قۇرەيش خەلقىدىن ئىككى كىشى قالغانغا قەدەر بۇ ئىش (يەنى خەلىفەلىك) قۇرەيشتە بولىدۇ»(2). يەنە «سەھىھەين»دە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «النَّاسُ تَبَعٌ لِقُرَيْشٍ فِي هَذَا الشَّأْنِ مُسْلِمُهُمْ تَبَعٌ لِمُسْلِمِهِمْ وَكَافِرُهُمْ تَبَعٌ لِكَافِرِهِمْ / (باشقا ئەرەب) كىشىلەر بۇ ئىش (يەنى خەلىفەلىك) تا قۇرەيش خەلقىگە ئەگىشىدۇ. ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلىرى قۇرەيشنىڭ مۇسۇلمانلىرىغا، كافىرلىرى قۇرەيشنىڭ كافىرلىرىغا ئەگىشىدۇ»(3). پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە: «النَّاسُ تَبَعٌ لِقُرَيْشٍ فِى الْخَيْرِ وَالشَّرِّ / (باشقا ئەرەب) كىشىلەر ياخشىلىقتىمۇ، يامانلىقتىمۇ قۇرەيشكە ئەگەشكۈچىدۇر» دېگەن(4). ئىمام بۇخارىي مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان: مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم: «إِنَّ هَذَا الأَمْرَ فِي قُرَيْشٍ لاَ يُعَادِيهِمْ أَحَدٌ إِلاَّ كَبَّهُ اللَّهُ عَلَى وَجْهِهِ مَا أَقَامُوا الدِّين / قۇرەيشلەر دىننى بەرپا قىلغان مۇددەتچە بۇ ئىش (يەنى خەلىفەلىك) ئۇلارنىڭ ئىچىدە بولىدۇ. ئەگەر ئۇلارغا قارشى چىقىدىغانلار بولسا، ئاللاھ ئۇلارنى دوزاخقا دۈم چۈشۈرىدۇ»(5).

شەكسىزكى، بۇ نەسلەر قۇرەيشنىڭ ئارتۇقچىلىقىغا ئىشارە قىلىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قۇرەيشتىن بولغانلىقى قۇرەيشكە يېتەرلىك ئارتۇقچىلىقتۇر. لېكىن، بۇ دەلىللەر خىلافەتنىڭ چوقۇم ئۇلار ئىچىدە بولىدىغانلىقى، ئۇلاردىن باشقىلاردا بولمايدىغانلىقىنى، خىلافەتنىڭ سەھىھ بولۇشىنىڭ شەرتى خەلىفەنىڭ ئۇلاردىن بولۇشى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتەمدۇ؟ شۈبھىسىزكى، خەلىفەنىڭ ئۇلاردىن بولۇشىغا ئەمەل قىلىنىپ كېلىنگەن. بەنى سائىدە چەللىسى يىغىنىدا ئىلگىرىكى مۇئمىنلەر ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خۇتبىسىدىن كېيىن خەلىفەنى قۇرەيشلىك مۇھاجىرلار ئارىسىدىن سايلاشقا يۈزلەنگەن ئىدى. شۇ چاغدىكى خەلىفەنىڭ قۇرەيش ئىچىدىن بولۇش چاقىرىقى بىرەر يېڭى نەسكە بىنائەن بولمىغان، بەلكى مۇنداق ئىككى ئىشقا بىنائەن بولغان:

بىرىنچىسى: مۇھاجىرلارنىڭ ئەنسارلاردىن ئەۋزەل ئىكەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ «قۇرئان»دا باشتا زىكىر قىلىنغانلىقى، ئىسلامنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئۇلارنىڭ بالا – قازا ۋە قىيىنچىلىقلارغا سەۋر قىلغانلىقى؛

ئىككىنچىسى: قۇرەيشنىڭ ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنمۇ ۋە ئىسلام كەلگەن چاغدىمۇ ئەرەب دىيارلىرىدا يۇقىرى ئورۇنغا ئىگە ئىكەنلىكى. شۇڭا، ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خۇتبىسىنىڭ ئاخىرىسىدا: «وَلَنْ يُعْرَفَ هَذَا الأَمْرُ إِلاَّ لِهَذَا الْحَىِّ مِنْ قُرَيْشٍ / (ئەرەبلەر ئىچىدە) بۇ ئىش (يەنى خەلىفەلىك) پەقەت مۇشۇ قۇرەيش قەبىلىسىگىلا تونۇلىدۇ» دېگەن(6). شەكسىزكى، بۇ گەپ قۇرەيشنىڭ ئەۋزەللىكىنىڭ سەۋەبىنى بايان قىلىدۇ.

شۈبھىسىزكى، قۇرەيشنىڭ ئارتۇقچىلىقى توغرىسىدا رىۋايەت قىلىنغان ھەدىسلەر مۇشۇ مەنىنى بىلدۈرۈپ كەلگەن. لېكىن، مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسى ئۇنداق ئەمەس، ئۇنىڭ باشقىچە مەنىسى بار. ئۇ ھەدىستە ئىماملارنىڭ قۇرەيشتىن بولىدىغانلىقى، قۇرەيشتىن بولمىغان قانداق كىشى خىلافەتنى دەۋا قىلسا، ئاللاھنىڭ ئۇنى خار قىلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. لېكىن، بۇ كەلگۈسىدە بولىدىغان رېئاللىقتىن ئالدىن خەبەر بېرىشمۇ؟ ياكى ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى كېرەك بولغان بۇيرۇق ۋە پەرزمۇ؟ يۈز بەرگەن رېئاللىق شۇكى، ھەق ئىمامەت ئەبۇبەكرى، ئۆمەر، ئوسمان ۋە ئەلىدىن ئىبارەت تۆت خەلىفەدە گەۋدىلەنگەن بولۇپ، خىلافەت قۇرەيش ئىچىدە بولغانىدى. چۈنكى، ئەنە شۇ ھىدايەت مەشئەللىرى بولغان ئىماملار قۇرەيشتىن ئىدى. ئۇنىڭدىن سىرت، ھەدىس خىلافەتنىڭ قۇرەيش ئىچىدە بولۇشى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ دىننى بەرپا قىلىشىنى شەرت قىلدى. شۇڭا، پەيغەمبىرىمىز: «مَا أَقَامُوا الدِّيْنَ / ئۇلار دىننى بەرپا قىلسىلا…» دېگەن. دېمەك، ناۋادا ئۇلار دىننى بەرپا قىلمىسا، خىلافەت ئۇلاردىن تارتىلىپ، دىننى بەرپا قىلىدىغان كىشىگە بېرىلىدۇ.

بۇنىڭدىن شۇنداق خۇلاسە چىقىرىمىزكى، بۇ ھەدىسلەر ئىمامەتنىڭ چوقۇم قۇرەيشتىن بولۇشىنىڭ ۋاجىب ئىكەنلىكى، ئۇلاردىن باشقىلارنىڭ ئىمامىتىنىڭ پەيغەمبەرچە خىلافەت بولمايدىغانلىقىغا كەسكىن دالالەت قىلالمايدۇ. «بۇ ھەدىسلەر پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئىمامەتنىڭ قۇرەيشتىن بولۇشىنى تەلەپ قىلغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ» دەپ پەرەز قىلساقمۇ، ئۇ ھەدىسلەر ۋاجىبلىق تەرىقىسىدە تەلەپ قىلغانلىقىغا دالالەت قىلالمايدۇ، بەلكى بۇ تەلەپ خىلافەتنىڭ سەھىھ بولۇشىنىڭ بايانى ئەمەس، بەلكى ئەۋزەللىكنىڭ بايانى بولسىمۇ دۇرۇستۇر. «ھەدىسلەر تەلەپنى ئىپادىلەيدۇ» دەپ پەرەز قىلساق، مۇشۇ مۇئەييەنلىشىدۇ. چۈنكى، ئۇ سەھىھلىك تەلىپى ئەمەس، ئەۋزەللىك تەلىپىدۇر. چۈنكى، «سەھىھۇ مۇسلىم»دە ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق رىۋايەت قىلغان: «إِنَّ خَلِيلِى أَوْصَانِى أَنْ أَسْمَعَ وَأُطِيعَ وَإِنْ كَانَ عَبْدًا مُجَدَّعَ الأَطْرَافِ / دوستۇم (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ماڭا بىزگە قۇلاق – بۇرنى كېسىك بىر ھەبەشىي قۇل باشلىق بولسىمۇ، ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ، ئىتائەت قىلىشىمنى ۋەسىيەت قىلغان»(7). ئىمام بۇخارىي پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان: «اسْمَعُوا وَأَطِيعُوا وَإِنِ اسْتُعْمِلَ حَبَشِيٌّ كَأَنَّ رَأْسَهُ زَبِيبَةٌ / سىلەرگە بېشى خۇددى قۇرۇق ئۈزۈمدەك بىر ھەبەشىي قۇل باشلىق بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار، بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلىڭلار»(8). «سەھىھۇ مۇسلىم»دە ئۇممۇ ھۇسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئېيتقانكى: مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «إِنْ أُمِّرَ عَلَيْكُمْ عَبْدٌ مُجَدَّعٌ أَسْوَدُ يَقُودُكُمْ بِكِتَابِ اللَّهِ تَعَالَى فَاسْمَعُوا لَهُ وَأَطِيعُوا / ئەگەر سىلەرگە سىلەرنى ئاللاھ تائالانىڭ كىتابى بىلەن يېتەكلەيدىغان بۇرنى كېسىك بىر قارا قۇل ئەمىر قىلىنسا، ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلىڭلار» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم(9).

بۇ نەسلەرنى «إِنَّ هَذَا الأَمْرَ فِي قُرَيْشٍ / (قۇرەيشلەر دىننى بەرپا قىلغان مۇددەتچە) بۇ ئىش (يەنى خەلىفەلىك) ئۇلارنىڭ ئىچىدە بولىدۇ» دېگەن ھەدىس بىلەن جەملىسەك، ئومۇمەن ئۇ نەسلەرنىڭ خىلافەتنىڭ قۇرەيش ئىچىدە بولىدىغانلىقى ۋە قۇرەيشتىن باشقىلارنىڭ خەلىفەلىكىنىڭ سەھىھ ئەمەسلىكىنى لازىم تۇتمايدىغانلىقى، بەلكى ئۇلاردىن باشقىلارنىڭ خەلىفەلىكىمۇ شەكسىز سەھىھ ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرالايمىز. «الأَمْرُ فِيْ قُرَيْشٍ / بۇ ئىش قۇرەيش ئىچىدە بولىدۇ» دېگەن ھەدىس خۇددى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ «الخِلَافَةُ بَعْدِيْ ثَلَاثُوْنَ ثُمَّ تَصِيْرُ مُلْكًا عَضُوْضًا / خىلافەت مەندىن كېيىن 30 يىل داۋاملىشىدۇ، ئاندىن كېيىن ئۇ چىشلەپ تۇرۇۋالغۇچى (يەنى ھوقۇقنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋېلىپ چىقارمايدىغان) بىر پادىشاھلىققا ئايلىنىپ كېتىدۇ» دېگەن سۆزىگە ئوخشاش كەلگۈسىدىن خەبەر بېرىش جۈملىسىدىن بولىدۇ ياكى ئۇ سەھىھلىكنىڭ جۈملىسىدىن ئەمەس، ئەۋزەللىك جۈملىسىدىن بولىدۇ.

ئەمدى بىز توختالمىغان ھەزرىتى ئەبۇبەكرى بىلەن ئۇنىڭ يېنىدىكى ساھابەلەرنىڭ سۆزى قالدى. بىز دەيمىزكى، ئۇ سۆز قۇرەيشنىڭ تەقۋالىقى ۋە كۈچ – قۇۋۋىتى سەۋەبىدىن دېيىلگەن سۆزدۇر. ئەگەر تەقۋالىق بىلەن كۈچ – قۇۋۋەت ئۇلاردىن باشقىلاردا تېپىلىپ، ئۇلاردا تېپىلمىسا، ساھابەلەر قوشۇلغان ئەبۇبەكرىنىڭ مەنتىقىسى بويىچە ئېيتقاندا، خىلافەت ئۇلاردىن باشقىلاردا بولىدۇ. چۈنكى، كۈچ – قۇۋۋەت ۋە تەقۋالىق ئاساس بولغانىكەن، مۇشۇ مەنىلەر نەدە تېپىلسا، خىلافەت شۇ يەردە بولىدۇ.

مانا بۇ «خىلافەت قۇرەيش ئىچىدە بولىدۇ» دېگەن پرىنسىپنى ۋە ئۇ ھەقتە كەلگەن سەھىھ ھەدىسلەر ۋە ئۇلارنىڭ دالالەت قىلىش دائىرىسىنى، شۇنداقلا ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنى خەلىفەلىككە تاللاشتا بىرلىككە كېلىنگەن سەۋەبنى چوڭقۇر تەكشۈرگەندىن كېيىنكى خۇلاسىدۇر.

2. بەيئەت

[110] كۆپچىلىك ئالىملار خەلىفە سايلاشقا قويغان ئىككىنچى شەرت بولسا، گېپى ئۆتىدىغان نوپۇزلۇق كىشىلەرنىڭ بەيئەت بېرىشىدۇر، يەنى گېپى ئۆتىدىغان نوپۇزلۇق كىشىلەر، ئەسكەرلەر ۋە كۆپچىلىك مۇسۇلمانلار ئاكتىپ ۋاقىتتىمۇ، سۇس ۋاقىتتىمۇ، گۇناھقا بۇيرۇمىسىلا خەلىفەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، بۇيرۇقىغا بويسۇنۇش ھەققىدە خەلىفەگە ئەھدە بېرىدۇ. خەلىفە بولسا ھەد ۋە پەرزلەرنى تۇرغۇزىدىغانلىقى، ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە پەيغەمبىرىنىڭ سۈننىتى بويىچە ئادالەت يولىدا ماڭىدىغانلىقىغا ئۇلارغا ئەھدە بېرىدۇ. ساھابەلەر مۇشۇ ئۇسۇلنى تۇتۇپ ماڭغان. ئۇلار بۇ ئۇسۇلنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن قوبۇل قىلغان. چۈنكى، ئۇلار ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئېيتقاندەك، دەرەخ ئاستىدا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە بەيئەت بەرگەنىدى: ﴿إِنَّ ٱلَّذِينَ يُبَايِعُونَكَ إِنَّمَا يُبَايِعُونَ ٱللَّهَ يَدُ ٱللَّهِ فَوۡقَ أَيۡدِيهِمۡۚ فَمَن نَّكَثَ فَإِنَّمَا يَنكُثُ عَلَىٰ نَفۡسِهِۦۖ وَمَنۡ أَوۡفَىٰ بِمَا عَٰهَدَ عَلَيۡهُ ٱللَّهَ فَسَيُؤۡتِيهِ أَجۡرًا عَظِيمٗا / شۈبھىسىزكى، (ئى پەيغەمبەر! ھۇدەيبىيەدە) ساڭا بەيئەت قىلغانلار ئاللاھقا بەيئەت قىلغان بولىدۇ، ئاللاھنىڭ قولى ئۇلارنىڭ قولىنىڭ ئۈستىدىدۇر، كىمكى ئەھدىنى بۇزىدىكەن، ئەھدىنى بۇزغانلىقنىڭ زىيىنى ئۇنىڭ ئۆزىگە بولىدۇ، ئاللاھ بىلەن قىلغان ئەھدىسىگە ۋاپا قىلغانلارغا ئاللاھ بۈيۈك ئەجىر ئاتا قىلىدۇ﴾(48/«فەتىھ»: 10). پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەدىنەگە ھىجرەت قىلىشنى مەقسەت قىلغاندا، مەدىنە ئەھلىدىن بەيئەت ئالغان، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىز مەككەنى فەتىھ قىلىپ، مەككە ئەھلى ئۇنىڭ ئىتائىتىگە كىرگەندە، ئۇلاردىنمۇ بەيئەت ئالغان، ئۇلار ئىچىدە ئاياللارمۇ بار ئىدى.   ئاللاھ تائالا ئېيتقانكى: ﴿يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّبِيُّ إِذَا جَآءَكَ ٱلۡمُؤۡمِنَٰتُ يُبَايِعۡنَكَ عَلَىٰٓ أَن لَّا يُشۡرِكۡنَ بِٱللَّهِ شَيۡـٔٗا وَلَا يَسۡرِقۡنَ وَلَا يَزۡنِينَ وَلَا يَقۡتُلۡنَ أَوۡلَٰدَهُنَّ وَلَا يَأۡتِينَ بِبُهۡتَٰنٖ يَفۡتَرِينَهُۥ بَيۡنَ أَيۡدِيهِنَّ وَأَرۡجُلِهِنَّ وَلَا يَعۡصِينَكَ فِي مَعۡرُوفٖ فَبَايِعۡهُنَّ وَٱسۡتَغۡفِرۡ لَهُنَّ ٱللَّهَۚ إِنَّ ٱللَّهَ غَفُورٞ رَّحِيمٞ / ئى پەيغەمبەر! مۇئمىن ئاياللار ساڭا كېلىپ، ئاللاھقا ھېچنەرسىنى شىرك كەلتۈرمەسلىككە، ئوغرىلىق قىلماسلىققا، زىنا قىلماسلىققا، بالىلىرىنى ئۆلتۈرمەسلىككە، باشقىلارنىڭ بالىسىنى يالغاندىن ئەرلىرىنىڭ بالىسى قىلىۋالماسلىققا، سەن بۇيرۇغان ياخشى ئىشلاردىن باش تارتماسلىققا بەيئەت بەرسە، (يۇقىرىقى شەرتلەر ئاساسىدا) ئۇلاردىن بەيئەت ئالغىن، ئۇلار ئۈچۈن ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىگىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر﴾(60/«مۇمتەھىنە»: 12).

ئەبۇبەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇھاجىرلارنىڭ ئەنسارلاردىن ئارتۇق ئىكەنلىكىنى بايان قىلغاندىن كېيىن، ساھابەلەر ئەبۇبەكرىگە بەيئەت قىلغان. ئۆمەر ئۇنىڭغا: «قولۇڭنى بەرگىن، ساڭا بەيئەت قىلىمەن» دېگەن. شۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلار ئارقىمۇئارقىدىن ئۇنىڭغا بەيئەت قىلغان. ئەبۇبەكرى ئۆزىدىن كېيىن خىلافەتنى ئۆمەر ئىبنى خەتتابقا ۋەسىيەت قىلغان چاغدا، ئۇنىڭ ئۈچۈن بەيئەت ئالغان، شۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلار ئارقىمۇئارقىدىن ئۇنىڭغا بەيئەت بەرگەن. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خەلىفەنى ئالتە كىشىنىڭ ئارىسىدىن سايلىۋېلىشنى ۋەسىيەت قىلغاندىن كېيىن، مەزكۇر ئالتە كىشىنىڭ كېڭىشى ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى سايلاشنى قارار قىلغاندا، ئوسمانمۇ شۇنداق قىلغانىدى. مەدىنە ئەھلى ئۇنىڭغا مەسجىدى نەبەۋىيدە بەيئەت بەرگەن. مەدىنە ئەھلى يەنە ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغىمۇ شۇنداق بەيئەت بەرگەن.

بەيئەت ئىشى ئۇمەۋىيلەر دەۋرى ۋە ئابباسىيلارنىڭ ئاۋۋالقى خەلىفەلىرىنىڭ دەۋرىگىچە داۋاملىشىپ كەلگەن.

ساھابەلەرنىڭ دەۋرىدە بەيئەت ئەركىن پىكىر ۋە ئىختىيارىي ئىتائەت ئاساسىدا بولغانىدى. ئۇمەۋىيلەر دەۋرىگە كەلگەندە، ھۆكۈمنى مەجبۇرىي تېڭىش ۋە ئىتائەتكە زورلاشقا ئايلىنىپ قالغان. ھەججاج ۋە ئۇنىڭ ئوخشاشلىرى بەيئەتنىڭ ھەر خىل ئىبارىلىرىنى ئويدۇرۇپ چىققان. ئۇ كىشىلەرنى مۇتلەق ئىتائەتكە زورلاش ئۈچۈن، ئۇلارنى بەيئەت بەرگەنلىرىدە: «ئەگەر خەلىفەنىڭ ئىتائىتىدىن چىقسام، قۇلۇم ئازاد بولۇپ كەتكەي، خوتۇنۇم تالاق بولۇپ كەتكەي» دېيىشكە قىستايتتى. ئابباسىيلارنىڭ دەسلەپكى خەلىفەلىرى، گەرچە بەيئەت ھەججاج ۋە ئۇنىڭ ئوخشاشلىرى دېيىشكە زورلىغان مەزكۇر قىيىن ئىبارىلەر بىلەن بولمىسىمۇ، كىشىلەرگە بەيئەتنى مەجبۇرىي تاڭاتتى.

كىشىلەر (ئابباسىيلار خەلىفەسى) ئەبۇ جەئفەر مەنسۇرنى مەجبۇرلاپ بەيئەت ئالدى دەپ قارىلىغانىدى. شۇڭلاشقا، مەدىنە ۋالىيسى كىشىلەرنىڭ خەلىفەگە بەرگەن بەيئىتىدىن يېنىۋالماسلىقى ئۈچۈن، ئىمام مالىكنى «مەجبۇرلانغۇچىنىڭ قەسىمى ھېساب ئەمەس، مەجبۇرلانغۇچىنىڭ تالىقى ھېساب ئەمەس» دەپ پەتۋا بېرىشتىن چەكلىگەنىدى.

[111] بۇ بەيئەت يېڭى دەۋر ئالىملىرى دۆلەتنىڭ ئاساسى ھەققىدە بېكىتكەن ئىجتىمائىي توختام نەزەرىيەسى بىلەن ئۇيغۇنلىشىپ قالىدۇ. مەسىلەن، فىرانسۇز جان جاك رۇسسو (Jean-Jacques Rousseau، م. 1712 – 1778) بىلەن ئىنگلىز ھوبز (Thomas Hobbes، م. 1588 – 1679) ۋە جون لۇك (John Locke، م. 1632 – 1704) لار مۇنۇلارنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن: «دۆلەتنىڭ بەرپا بولۇشىدىكى ئاساس بولسا ھاكىم بىلەن مەھكۇم ئوتتۇرىسىدىكى توختامدۇر، يەنى ھاكىم پۇقرالارنىڭ بويسۇنۇشى ۋە ھۆكۈمەت تاڭغان باج – سېلىقلارغا ئەمەل قىلىشى بەدىلىگە پۇقرالارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ». ئەمما، ئۇلار مەزكۇر توختامدىكى ھاكىم بىلەن مەھكۇمنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسى ھەققىدە ئىختىلاپلاشقان، بىرى ھاكىمنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىۋەتكەن، بىرى مەھكۇمنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىۋەتكەن. مۇسۇلمانلارنىڭ ئالىملىرى ساغلام فىترەت ۋە ئىسلامدا بېكىتىلگەن ئىسلام تۈزۈملىرى ئاساسىدا بۇ توختامغا يەتكەن ۋە ئۇنى ئەمەلىي رېئاللىققا ئايلاندۇرغان. ئۇ بېكىتىلگەن بىر بېكىتمە سۈپىتىدە قالمىغان. چۈنكى، ئۇلار ئاشۇ تەشكىلىي ئىجتىمائىي توختامنى ئەمەلدە تۈزۈشكەن ئىدى. ئۇلار ئۇنى بىر بېكىتمە قىلىپ بېكىتىش بىلەنلا كۇپايىلىنىپ قالمىغان. ئۇنىڭدا ھاكىمنىڭ ئۈستىدىكى مەسئۇلىيەت مەھكۇمنىڭ ئۈستىدىكى مەسئۇلىيەتتىن ئېغىرراق ۋە قاتتىقراق ئىدى. بەزى ئىنگلىز يازغۇچىلار بېكىتكەندەك، ئۇنىڭدا «ھاكىمنىڭ بارلىقىنىڭ ئۆزىلا بىر مەنپەئەت» دەپ بېكىتىلمىگەن. بەلكى ئىسلام ئالىملىرى «ئەگەر ھاكىم ئادالەت، ئومۇمىي مەنپەئەت، مۇلايىملىق، ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە پەيغەمبىرىنىڭ سۈننىتى بويىچە ئىش تۇتۇش، پەرزلەرنى ئورۇنلاش، ھەدلەرنى يۈرگۈزۈش ۋە يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىقنى توسۇش قاتارلىقلارغا ئەمەل قىلمىسا، ئۇنىڭ بارلىقى بىر بالايىئاپەت» دەپ بېكىتكەن.

3. كېڭەش

[112] مانا بۇ بەيئەتنىڭ شەرتىدۇر. ئۈچىنچى شەرتكە كەلسەك، خەلىفە تاللاش مۇسۇلمانلارنىڭ كېڭىشى بىلەن بولۇشىدۇر. بۇنىڭدىكى ئاساس شۇكى، ئىسلام ھاكىمىيىتىنىڭ ئەسل تۈزۈلمىسىدىلا كېڭەش باردۇر. چۈنكى، ئاللاھ تائالا ئېيتقانكى: ﴿وَأَمۡرُهُمۡ شُورَىٰ بَيۡنَهُمۡ / ئۇلار ئىشلىرىنى كېڭەش بىلەن قارار قىلىدۇ﴾(42/«شۇرا»: 38). ئاللاھ تائالا يەنە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى بۇيرۇپ ئېيتقانكى: ﴿وَشَاوِرۡهُمۡ فِي ٱلۡأَمۡرِۖ / ئىشلاردا ئۇلار بىلەن كېڭەشكىن﴾(3/«ئال ئىمران»: 159). شۇنداقلا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇسۇلمانلارغا مۇھىم بولغان، ئەمما ھېچبىر ۋەھيى چۈشمىگەن پۈتۈن ئىشلىرىدا كېڭەشنى چىڭ تۇتقان. ئۇرۇشلاردا، ئۇرۇشلارنىڭ ئاخىرلىرىدا ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىدا — نەس كەلمىسىلا — مۇسۇلمانلارغا مەسلىھەت سالاتتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن كېيىن ئۇنىڭ ساھابەلىرىمۇ خۇلەفائى راشىدىن دەۋرلىرىدە شۇنداق قىلغان. ئۇلاردىن ئاللاھ رازى بولغاي!

ئىسلام ھاكىمىيىتى ئەسلىدىنلا كېڭەش ھاكىمىيىتى بولغان ئىكەن، خەلىفە سايلىمىمۇ كېڭەش ئاساسىدا بولۇشى لازىم. چۈنكى، ھاكىمىيەتنىڭ كېڭەشلىك ھاكىمىيەت بولۇپ، خەلىفەنىڭ مىراسخورلۇق بىلەن مەجبۇرىي تېڭىلغان بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى، مىراسخورلۇق بىلەن كېڭەش بىر – بىرىگە زىتتۇركى، بىر يەردە جۇغلاشمايدۇ.

مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا قارىتىلغان ئەڭ قاتتىق تەنقىد ئۇنىڭ ئىسلام ھاكىمىيىتىنى (ئاتىدىن بالىغا قالىدىغان) مىراسخورلۇق ھاكىمىيىتىگە ئايلاندۇرۇۋەتكەنلىكىدۇر. قارىماققا، ئۇ بەيئەت بىلەن تەختكە چىققان بولسىمۇ، بەيئەتنىڭ چىن مەنىسىنى يوقىتىۋەتكەن. چۈنكى، ئۇ بەيئەتنىڭ نېگىزى ۋە جەۋھىرى بولغان سايلام ئامىلىنى يوقىتىۋەتكەن. ھەسەن بەسرىي مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھاكىمىيىتى توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: «مۇئاۋىيەدە تۆت ئىللەت بار، ئەگەردە ئۇنىڭدا شۇ تۆتىنىڭ بىرى تېپىلىپ قالسىمۇ، ئۇنى ھالاك قىلىشقا يېتەتتى. ئۇ ئىللەتلەر: ئۇنىڭ ئەقىلسىز كىشىلەر بىلەن بۇ ئۈممەتكە قارشى چىقىپ، ئۈممەتنىڭ كېڭىشىسىزلا خەلىفەلىكنى تارتىۋالغانلىقى؛ يىپەك كىيىدىغان، تەمبۇر چالىدىغان، ھاراقكەش زابوي بالىسى يەزىدنى ئورنىغا خەلىفە قىلغانلىقى ۋە زىيادنى بالام دەپ دەۋا قىلغانلىقىدۇر. ھالبۇكى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتقانكى: ‹الْوَلَدُ لِلْفِرَاشِ وَلِلْعَاهِرِ الْحَجَرُ / بالا دېگەن ھالال كۆرپە ئىگىسىگە تەۋەدۇر. زىنا قىلغۇچى بالىدىن مەھرۇمدۇر›(10). ئۇنىڭ يەنە بىر ئىللىتى ئۇنىڭ (ساھابە) ھۇجر ئىبنى ئەدىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكىدۇر. ئۇنىڭ ھۇجرنى ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكى نېمىدېگەن يامان – ھە!»(11)

ئۆمەر ئىبنى خەتتاب بەيئەتنىڭ كېڭەش ئارقىلىق بولۇشىنىڭ ۋاجىب ئىكەنلىكى ھەققىدە ئېيتقانكى: «كىمكى مۇسۇلمانلارنىڭ مەسلىھەتىسىز بىركىمگە بەيئەت قىلىدىكەن، ئۇنىڭغىمۇ ۋە ئۇ بەيئەت قىلغان ئادەمگىمۇ بەيئەت قىلىشقا بولمايدۇ». بىز بۇنىڭدىن ئىمام ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۈممەتكە قارشى ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ، خەلىفە بولۇشىغا ئۈممەتنىڭ ئىختىيارلىقى ۋە ئىرادىسى بولمىغان كىشىگە بەيئەت قىلغان ئادەمنى خەلىفە بولۇش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.

[113] دېمەك، كېڭەش زۆرۈر شەرتتۇر. بەيئەت مۇسۇلمانلارنىڭ مەسلىھەتى بىلەن بولىدۇ. لېكىن، بەيئەت ۋە كېڭەش قانداق ئېلىپ بېرىلىدۇ؟ كىملەر كېڭەش ئەھلى ۋە بەيئەت ئەھلى بولىدۇ؟ بۇنىڭ جاۋابى شۇكى، «قۇرئان» كېڭەش قىلىشقا بۇيرۇدى، سۈننەت ئۇنى چىڭ تۇتتى، لېكىن كېڭەشنىڭ ئۇسۇلى ۋە كېڭەش ئەھلى بولىدىغان كىشىلەر بايان قىلىنمىدى، كېڭەشنى تەرتىپلەش ۋە ئۇنىڭ ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىش ئىنسانلارغا قالدۇرۇلدى. چۈنكى، كېڭەش جامائەت توپىنىڭ ئوخشىماسلىقى، زامان ۋە ماكاننىڭ ئوخشىماسلىقى بىلەن ھەر خىل بولىدۇ. بىر دەۋردە ماس كەلگەن نەرسە يەنە بىر دەۋردە ماس كەلمەي قالىدۇ، بىر قەۋمگە ماس كەلگەن نەرسە يەنە بىر قەۋمگە ماس كەلمەي قالىدۇ. شۇڭا، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئادالەتكە بۇيرۇش بىلەن بىرگە كېڭەشكە بۇيرۇدى ھەمدە بۇ يۈكسەك ئىككى مەنىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەڭ مۇنەۋۋەر يولنى تۈزۈپ چىقىشنى ئىنسانلارغا قالدۇردى.

بىز يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەن كېڭەش ئارقىلىق خەلىفە سايلاشتا مۇسۇلمانلارنىڭ ئۈچ خىل ئۇسۇلى بولغان. بىز ئۇنى بۇ يەردە سەل تەپسىلىي سۆزلەيمىز.

بىرىنچى: ھېچكىمنىڭ ۋەسىيىتىسىز كېڭەش ئارقىلىق ئەركىن سايلاش

بۇ ئۇسۇل ئەبۇبەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى سايلاشتا قوللىنىلغان. ساھابەلەر ئۇنى ھېچكىمنىڭ ۋەسىيىتى يوق ھالدا ئەركىن سايلىغان. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا ۋەسىيەت قىلغان ئەمەس. رىۋايەت قىلىنىشىچە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆلۈم گىردابىدىكى كېسەللىكىدە ئۇنى كىشىلەرگە ناماز ئوقۇپ بېرىشكە تاللىغان. بۇنىڭدىن بەزى كىشىلەر «ساھابەلەر مۇشۇ سەۋەبتىن ئۇنى خەلىفەلىككە تاللىغان ۋە ساھابەلەر: ›پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى دىنىي ئىشىمىزغا (يەنى نامازغا) تاللىغان يەردە، بىزنىڭ ئۇنى دۇنيالىق ئىشىمىزغا (يەنى خىلافەتكە) تاللىشىمىز تېخىمۇ لايىق‹ دېگەن» دەپ چۈشەنگەن. بۇ يەكۈن توغرا بولغان تەقدىردىمۇ، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۇنى نامازغا تاللىغانلىقى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۇنىڭ خەلىفە بولۇشىغا ۋەسىيەت قىلغانلىقى ھېسابلانمايدۇ. ئومۇمەن، بۇ ئىش ئەبۇبەكرى سىددىقنىڭ پەزىلىتىگە ۋە ساھابەلەر (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن!) ئارىسىدىكى ئورنىغا ئىشارە قىلىدۇ. بىز بۇنى خەلىفەلىك ۋەسىيىتى دەپ چۈشىنىۋالساق توغرا بولمايدۇ. ھالبۇكى ئۇ ئىشتا ئوچۇق جاكارمۇ يوق، چاقىرىقمۇ يوق.

ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەبۇبەكرىنىڭ نامازدا ئىمام بولغانلىقى توغرىسىدىكى گەپ ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ خەلىفەسى بولۇپ سايلانغان بەنى سائىدە چەللىسى يىغىنىدا بولۇنغان ئەمەس. بەلكىم ئۇنىڭ نامازغا ئىمام بولۇشى ئۆمەر بەيئەت قىلىپ، ئۇنىڭغا قول بەرگەن چاغدا، كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا كەينى – كەينىدىن بەيئەت قىلىشىغا ۋە رازى بولۇشىغا تۈرتكە بولغان بولۇشى مۇمكىن.

قانداقلا بولمىسۇن، ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا بەيئەت قىلىشتا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋەسىيىتىنىڭ بائىس بولمىغانلىقىدا ھەممە بىردەكتۇر.

ئىككىنچىسى: بىر خەلىفەنىڭ تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتى يوق ئۆزىدىن كېيىنكى بىرىگە ۋەسىيەت قىلىشى

بۇ ئۇسۇلنى ئەبۇبەكرىنىڭ ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا قىلغان ۋەسىيىتىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇ ۋەسىيەت ئەبۇبەكرىنىڭ بىر تەكلىپى ئورنىدا بولۇپ، ئۇنىڭدا ھېچقانداق زورلاپ تېڭىش يوق ئىدى. ئۇ چاغدا مۇسۇلمانلار ئەرەب ئەللىرى ئۇچرىغان مۇرتەد بولۇش ھالىتىگە يېقىن ئىدى، ئىسلام قوشۇنلىرى بولسا جىھادقا چىقىپ كەتكەنىدى. شۇ ۋەجدىن، ئەبۇبەكرى بەنى سائىدە چەللىسى يىغىنىدا ئىختىلاپ چىققاندەك، خەلىفەلىك ئىشىدا يەنە ئىختىلاپ چىقىشتىن ئەنسىرىدى. نەتىجىدە، ئۇ ئۆزى بىلەن نەسەب ۋە قۇدا – باجىلىق مۇناسىۋىتى يوق ئۆمەرنى نامزاتلىققا كۆرسەتتى، ئۇنىڭ ئۆمەرنى مۇسۇلمانلارنىڭ خەلىفەسى قىلىپ تاللىشىغا تۈرتكە بولغان نەرسە پەقەتلا ئۇنىڭ ئۆز دىنىغا ۋە مۇسۇلمانلارغا بولغان ئىخلاسىدۇر. ئەبۇبەكرى ئۆمەرنى نامزات قىلىپ كۆرسىتىپ، ئۇلار ئۇنى سايلاش ھەققىدە ئىنچىكە مۇھاكىمە قىلغاندىن كېيىن، مۇئمىنلەر ئىختىيارىي ھالدا ئۇنىڭغا بەيئەت قىلدى. چۈنكى، ئۇلار ئەبۇبەكرىنىڭ تاللىشىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۆز ئىختىيارلىقلىرى بىلەن بەيئەتكە كەلدى.

ئۈچىنچىسى: خەلقنىڭ ئەڭ ئەۋزەل كىشىلىرى دەپ سانىلىدىغان ئۈچ ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك كىشىلەر ئىچىدىن بىرىگە ۋەسىيەت قىلىش ئۇسۇلى

ئۆمەر پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھېچكىمگە ۋەسىيەت قىلمىغانلىقىنى كۆرگەن، ئەبۇبەكرىنىڭ بولسا ئۆزىگە ۋەسىيەت قىلغانلىقىنى كۆرگەن. شۇڭا، ئۇ ئېيتقانكى: «ئەگەر (ۋەسىيەت قىلىشنى) تەرك ئەتسەم، مەندىن ياخشى بولغان زات (پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم) مۇ تەرك ئەتكەن. ئەگەر ۋەسىيەت قىلسام، مەندىن ياخشى بولغان زات (ئەبۇبەكرى) مۇ ۋەسىيەت قىلغان». ئۇ بۇ مەسىلىدە ئوتتۇرا يول تۇتۇپ، ئالتە كىشىنىڭ ئۆزلىرى ئىچىدىن بىرىنى خەلىفەلىككە تاللىشى ئۈچۈن، ئىشنى شۇ ئالتە كىشىنىڭ كېڭىشىگە تاپشۇردى. ئۇلار ئوسماننى تاللاشتى، شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئۇنىڭغا بەيئەت قىلدى. بۇ ئالتە كىشىنىڭ كېڭىشى تەيىنلەش كېڭىشى بولماستىن، بەلكى تەكلىپ كېڭىشى ئىدى. مۇبادا مۇسۇلمانلار بەيئەت قىلمىغان بولسا، ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خەلىفە بولالمايتتى. چۈنكى، ئوسمان نوقۇل تەكلىپ بىلەنلا خەلىفە بولالمايدۇ، بەلكى ئۇنىڭ خەلىفەلىكى ھەقىقىي ئەركىن سايلامنىڭ كۆرۈنۈشى بولغان بەيئەت بىلەن ۋۇجۇدقا چىققان. ھۆكۈمرانلىق ئەنە شۇ ئەركىن سايلام بىلەن پۈتۈنلىشىدۇ، ئىمامەت مەنىسى ئەنە شۇنىڭ بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ.

ئىمام ئىبنى ھەزم مۇنداق دېگەن: «خەلىفە تاللاش يولى مانا مۇشۇ ئۈچ يولغا يىغىنچاقلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر يولنى ئويدۇرۇپ چىقىش دۇرۇس ئەمەس. چۈنكى، ئۇنداق قىلغانلىق ساھابەلەرنىڭ ئىجمائسىغا قارشى چىققانلىق بولىدۇ. چۈنكى، ئۇلار مۇشۇ ئۈچ يولغا رازى بولغان. دېمەك، بۇ ئىجمائدۇر».

توغرىسى: بۇ ئۇلار ئىجتىھاد بىلەن توغرا دەپ قارىغان شۇ دەۋردىكى كېڭەش سايلىمىنىڭ مەنىسىنى ۋۇجۇدقا چىقارغۇچى يوللاردۇر. ھەر خىل دەۋرلەرگە كەلسەك، ھەر دەۋر ئۈممەتنىڭ رايىنى ئىپادىلەش ۋە ئۈممەتنىڭ ھەدلەرنى تۇرغۇزىدىغان خەلىفەسىنى سايلاش جەھەتتە تېخىمۇ روشەن بولغان يوللارنى تاللىسا بولىدۇ.

[114] مانا بۇلار ساھابەلەر كېڭەشتە قوللانغان ئۈچ خىل نىزامدۇر. لېكىن، بۇ يەردە مۇنداق ئىككى سوئال كېلىدۇ:

بىرىنچىسى: ساھابەلەر دەۋرىدىكى كېڭەش ئەزالىرى كىم ئىدى؟

ئىككىنچىسى: خەلىفە كېڭەشسىزلا تەختكە چىقىۋالسا، باشقىلار قوشۇلسا، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش ۋاجىبمۇ؟

بىرىنچى سوئالغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن ساھابەلەرنىڭ ئىش – پائالىيىتى ۋە قاراشلىرىغا مۇراجىئەت قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

بىز دەيمىزكى: ئەبۇبەكرىنى سايلىغانلار ھەقىقەتەن مەدىنە ئەھلىدۇر. ئۇلار مۇھاجىرلار ۋە ئەنسارلاردۇر. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا بەيئەت قىلغانلارمۇ، ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا بەيئەت قىلغانلارمۇ شۇلاردۇر. چۈنكى، مەدىنە بۇنىڭدا پېرىكلېس دەۋرىدىكى ئافېناغا ئوخشايدۇ. خەلىفە سايلايدىغانلار يالغۇزلا مەدىنە ئەھلى ئىدى. بۇنىڭ ئەلبەتتە سەۋەبلىرى بار. چۈنكى، مەدىنە ئىسلامنىڭ ئۇۋىسىدۇر، مەدىنە ئەھلى بولسا ئىسلام دەۋىتىنىڭ ھامىيلىرىدۇر. مەدىنەدىن باشقا تەرەپلەردە پەيغەمبىرىمىزنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىنلا مۇرتەدلىك ھەرىكىتى باش كۆتۈرۈپ، ئىسلام تېخى مۇقىملىشىپ بولالمىغانىدى. ئەرەبلەرنىڭ خېلى كۆپى مۇرتەد بولۇپ، مەككە بىلەن مەدىنە قالغانىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىغا سەپەر قىلغاندىن كېيىن، ئىسيان كۆتۈرۈشنى ۋە ئىسلامدىن يېنىۋېلىشنى ئويلاپ تۇرغان ئاشۇ ئەئرابىيلارنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزلىرى بىلەن بىرگە خەلىفە سايلاش ئىشىغا قاتناشتۇرۇشى لايىق ئەمەس ئىدى.

ھەزرىتى ئۆمەر ۋە ئوسماننىڭ دەۋرى كەلگەندىن كېيىن، ئەرەبلەر جىھادقا چىقىپ، ھەر خىل رايونلاردا جەڭ قىلدى. بىرەر رايون بەيئەت ھەققىگە ئېرىشىپ، ئاھالىلىرى خەلىفە سايلىمىغا قاتناشقۇدەك دەرىجىدە، ئۇلار تېخى بىرەر رايوندا مۇقىملاشمىغانىدى. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دەۋرى كەلگەندە، ئاندىن ئەرەبلەر رايونلاردا مۇقىملاشتى. شامدا ئەرەبلەرنىڭ چوڭ بىر بۆلۈكى بار ئىدى، بەسرە، كۇفە ۋە مىسىردا يەنە باشقا بۆلۈكلىرى بار ئىدى. لېكىن، ئەلىنى سايلىغانلار يالغۇز مەدىنە ئەھلى ئىدى. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، بەيئەتنى مەجبۇرەن قوبۇل قىلدى ۋە سايلىغۇچىلارنىڭ يالغۇز مەدىنە ئەھلى بولۇشىغا رازى بولدى. ئۇ بۇ مەسىلىدە ھەرقايسى شەھەرلەردە ئولتۇراقلاشقان ئەرەبلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ مۇرتەدلەرنىڭ قالدۇقلىرى ئىكەنلىكىنى كۆزەتكەن بولسا كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئىسلام ھاكىمىيىتى ئۇ شەھەرلەردە تولۇق مۇقىملىشىپ بولالمىغانىدى ھەمدە ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ سايلامغا قاتنىشىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى ۋەيەنە ئۇ يەرلەردە جاھىلىيەت تەرەپبازلىقلىرى قوزغىلىشقا باشلىغان ئىدى. ئومۇمىي سايلام ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، ئەرەبلەرنى ۋە مەۋالىيلار (ئەجەملەردىن بولغان مۇسۇلمانلار) نى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بىر نىزام كېرەك ئىدى. ئىسلامىي شەھەرلەردە مەۋالىيلار زور سانغا ئىگە ئىدى. ئىشلار بېسىقىپ، بەيئەت ئىشقا ئاشقان، ئەھۋال تىنچلانغاندىن كېيىن، ئاندىن بۇ ھەقتە ئويلىنىش كېرەك ئىدى.

لېكىن، ھىدايەت ئىمامى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىشنى ئەمدى باشلىشىغا، مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭغا مۆھلەت بەرمىدى، بەلكى بەيئەتكە قارشى تۇردى، مۇسۇلمانلارغا قارشى ئىسيان كۆتۈردى، ئەلىگە بەيئەت قىلغانلارنى قارىلىدى ۋە ئۇنىڭغا بەيئەت قىلغانلارنىڭ قاتارىدىن ئۇنىڭغا قارشى ئىسيان كۆتۈرگەنلەرنى تاپتى. ئاخىرىدا، ئىشلار مانا مۇشۇنداق قالايمىقانلىشىپ كەتتى.

بەزى ئەرەبلەرنىڭ كۆڭلىگە سەلبىي تەسىر بەرگەن ئىشلارنىڭ بىرى كېڭەش سايلىمىنىڭ يالغۇز مەدىنە ئەھلى بىلەنلا چەكلىنىپ قالغانلىقى بولۇشى مۇمكىن. شۇنىسى ھەقىقەتكى، ئىمام ئەلى كەررەمەللاھۇ ۋەجھەھۇنىڭ ئۇندىن باشقا تاللاش يولى يوق ئىدى. مەدىنە فىتنە تېرىش ئۈچۈن چىققان قوشۇنلارنىڭ قورشاۋىدا قالغان بىر ھالەتتە، مەدىنەنىڭ مىسىر، شام، ئىراق ۋە ئىراندىكى ھەممە ئەرەبلەرنىڭ رايىنى ئېلىشنى كۈتۈپ تۇرۇشى ئەقىلگە سىغمايتتى. ئومۇمىي سايلام ئۆتكۈزگەن ھالەتتە، سايلامدىن مەۋالىي مۇسۇلمانلارنىڭ مەھرۇم قىلىنىشى ئەقىلگە سىغمايتتى. لېكىن، مۇشۇ زۆرۈرىيەت تۈپەيلى، ئۇشبۇ رايونلاردىكى ئەرەبلەرنىڭ قىلغان بەيئىتى ئۇلارنىڭ كېڭەشكە قاتنىشالمىغانلىقىنىڭ ئورنىنى تولدۇرغان ئىدى. ھەممە جايلاردىن بەيئەت كەلدى، شاملا قالدى. مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەسلىدە ئىسلامنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە، زور كۆپ سانلىقنىڭ رايىغا ۋە ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئورنىغا بويسۇنۇشى كېرەك ئىدى. چۈنكى، ئەلى شۇ ۋاقىتتىكى مۇسۇلمانلارنىڭ دەتالاشسىز خەلىفەسى ئىدى، بۈگۈنكى تىل بويىچە دېسەك: ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتقان ئەڭ مەشھۇر شەخس ئىدى. لېكىن، (باشقىلاردا) پادىشاھلىق تەمەلىرى، ئەرەب قەبىلىۋازلىقى، جاھىلىيەت ئۆچمەنلىكلىرى قوزغالغانىدى. لا ھەۋلە ۋەلا قۇۋۋەتە ئىللا بىللاھ!

[115] ھاكىمىيەتنىڭ كېڭەشسىز قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشتىن ئىبارەت ئىككىنچى سوئالغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن، دەيمىزكى: فۇقەھائنىڭ كۆپچىلىكى «ئەگەر بىر كىشى مۇسۇلمانلارنىڭ خەلىفەسى يوق ھالدا مۇسۇلمانلارنىڭ ھاكىمىيىتىنى قولغا كىرگۈزۈۋالسا، شۇنداقلا ئۇ ئۆزىدە خەلىفەلىك شەرتلىرىنى ھازىرلىغان ۋە كىشىلەر ئارىسىدا ئادالەتنى ياقىلىغان بولسا، ئاندىن ئۇلار ئۇنىڭغا رازى بولۇپ بەيئەت قىلغان بولسا، ئاشۇ خەلىفە بولىدۇ» دەپ قارار قىلغان. «تەرتىيبۇل مەدارىك (تَرْتِيْبُ الْمَدَارِكِ)» ناملىق كىتابتا كېلىشىچە، ئىبنى ناﻓﯩﺌ: «مالىك ‹ئەگەر ئىككى ھەرەم ئەھلى (بىر كىشىگە) بەيئەت قىلسا، بارلىق ئىسلام ئەھلىنىڭ (شۇنىڭغا) بەيئەت قىلىشى ۋاجىب بولىدۇ› دەپ قارايتتى» دېگەن. بۇ، ئىمام مالىكنىڭ سايلىغۇچىلار ھەققىدىكى قارىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئىمام مالىك ئۆز دەۋرىدە خەلىفە ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزنى ئەڭ ياخشى ئۈلگە دەپ قارايتتى. لېكىن، ئۇ كېڭەش ئارقىلىق سايلانمىغان بولسىمۇ، ئادالەتنى ياقىلىغان، كىشىلەرنىڭ ھەقلىرىنى ئېلىپ بەرگەن، نەتىجىدە ئۇ ھەق ئىمام بولغانىدى. دېمەك، ئىمام مالىكنىڭ قارىشىدا بەيئەتنىڭ ئالدىدا سايلامنىڭ بولۇشى شەرت ئەمەس، بەيئەت ئۆزىمۇ شەرت ئەمەس، بەلكى رازىلىق (كىشلەرنىڭ رازىلىقى) ۋە ھەقنى بەرپا قىلىش كۇپايىدۇر.

ئىمام شافىئىيمۇ شۇ قاراشتا ئىدى. ئۇ قاراش بولسىمۇ كېيىنكى رازىلىق (يەنى ھۆكۈمدار تەختكە چىققاندىن كېيىنكى كىشىلەرنىڭ رازىلىقى) بىلەن كۇپايىلىنىشتۇر. ئۇنىڭ شاگىرتى ھەرمەلە ئۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان: «ھەرقانداق بىر قۇرەيشلىك زورلۇق بىلەن خىلافەتنى ئىگىلىسە، كىشىلەر ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشسا، ئەنە شۇ خەلىفەدۇر». دېمەك، شافىئىيلار قۇرەيشلىك بولۇش، ئادالەتنى تۇرغۇزۇش، كىشىلەرنىڭ رازىلىقى قاتارلىقلارنى ئېتىبارغا ئالغان. رازىلىق مەيلى باشتا بولسۇن، ياكى كېيىن بولسۇن ئوخشاشتۇر.

ئىمام ئەھمەد بىر رىسالەسىدە بۇنى ئوچۇق جاكارلاپ دەيدۇكى: «كىمكى خىلافەتكە ئىگە بولۇپ، كىشىلەر ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشسا ۋە ئۇنىڭغا رازى بولسا، شۇ خەلىفەدۇر. كىمكى زورلۇق بىلەن كىشىلەرگە ئۈستۈن كېلىپ، خەلىفەگە ئايلانسا، شۇمۇ خەلىفەدۇر. سالىھ بولسۇن، فاجىر بولسۇن، غازات ئەمىرلەر بىلەن قىيامەتكىچە داۋاملاشقۇچىدۇر». يەنە مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىماملىرىدىن بىرەر ئىمامغا قارشى چىقسا، ھالبۇكى كىشىلەر شۇ ئىمامنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشقان، رازىمەنلىك بىلەن بولسۇن، ياكى زورلۇق بىلەن بولسۇن، ئۇنىڭ خەلىفەلىكىنى ئېتىراپ قىلغان بولسا، بۇنداق كىشى مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكىنى بۇزغان بولىدۇ ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسلىرىگە خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ. ئەگەر ئۇ شۇ پېتى ئۆلسە، جاھىلىيەتچە ئۆلگەن بولىدۇ»(12).

[116] بۇ كۆپچىلىك فۇقەھائنىڭ قارىشىدۇر. خەلىفەلىكنى ئىگىلىۋالغان كىشى ئەگەر ئادالەت ئەڭ بېشىدا تۇرىدىغان جىمى خەلىفەلىك شەرتلىرىنى ھازىرلىغان بولسا، ئۇنىڭ خەلىفەلىكىنىڭ خەلىفەلىك ھېسابلىنىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈۋېلىشىمىز لازىم. ئۇ شەرتلەرگە چوقۇم مۇنداق ئىككى شەرت قوشۇلۇشى كېرەككى، ئۇلۇغ ئىماملار خەلىفەلىكنى ئىگىلىۋالغۇچىنىڭ كېيىن كىشىلەرنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش شەرتى بىلەن ئۇنىڭ خەلىفەلىكىنى ماقۇللىغان چاغلىرىدا شۇ ئىككى شەرتنى نەزەردىن ساقىت قىلغان ئەمەس.

بۇنىڭ بىرىنچىسى: يەنە بىر خەلىفە بولماسلىق. چۈنكى، ئەگەر كىشىلەرنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشكەن ئادىل بىر خەلىفە بار بولسا، ئىككىنچىسى ئۇرۇشۇش ۋاجىب بولىدىغان، بەلكى ئۆلتۈرۈش ۋاجىب بولىدىغان باغىي ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتقانكى: «مَنْ أَتَاكُمْ وَأَمْرُكُمْ جَمِيعٌ عَلَى رَجُلٍ وَاحِدٍ يُرِيدُ أَنْ يَشُقَّ عَصَاكُمْ أَوْ يُفَرِّقَ جَمَاعَتَكُمْ فَاقْتُلُوهُ / سىلەر بىر خەلىفەگە ئىتائەت قىلىۋاتقىنىڭلاردا، قانداق بىر ئادەم كېلىپ سىلەرنىڭ كۈچۈڭلارنى پارچىلاپ، بىرلىكىڭلارنى بۇزماقچى بولسا، ئۇنى ئۆلتۈرۈڭلار»(13).

ئىككىنچى شەرت: ناھايىتى كەسكىن بىر ھالەت يۈز بېرىپ، سايلام ئۆتكۈزۈش پۇرسىتى بولماسلىق. مەسىلەن: خەلىفە ئۇرۇش ھالىتىدە ئۆلۈپ كېتىپ، سايلام ئۆتكۈزۈشكە پۇرسەت بولماسلىق.

مۇسۇلمانلارنىڭ كېڭىشى بىلەن بەزى ئىسلامىي پرىنسىپلاردىن (ۋاقىتلىق) چەتنەشنى دۇرۇس قىلىدىغان بۇنداق ئەھۋاللار بولمىسا، كىشى ئادىل ئىسلامىي پرىنسىپلارغا قارشى چىقىپ، خەلىفەلىكنى ئىگىلىۋېلىش بىلەن گۇناھكار بولىدۇ. ناۋادا يوللۇق بىرەر سەۋەب بولمايلا خەلىفەلىكنى ئىگىلىۋالغانلارغا ئىشىك كەڭ ئېچىۋېتىلسە ئىدى، ئەلبەتتە كېڭەش يىمىرىلگەن بولاتتى، ئۆتمۈشتە يۈز بەرگەندەك، ئاخىرىدا ھۆكۈمدارلار نىزالىشىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشى نابۇت بولغان بولاتتى.

4. ئادالەت

[117] پەيغەمبەرچە خىلافەتتە ھازىرلىنىشقا تېگىشلىك تۆتىنچى شەرت ئادالەتتۇر. ئۇ خىلافەتنىڭ نېگىزى ۋە جەۋھىرىدۇر. خەلىفەدىن تەلەپ قىلىنىدىغان ئادالەت – ئادالەتنىڭ ھەر خىل تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەنى تېگىدىن ئادىل بولۇشى، تۇغقانلىرىنى ئارتۇق كۆرمەسلىكى، ھېچكىمنى بىرەر ھاۋايى – ھەۋەسكە ئەگىشىپ ئالدىغا ئۆتكۈزمەسلىكى، ياخشى كۆرگەننى يېقىن قىلىپ، ئۆچ كۆرگەننى يىراق قىلماسلىقى كېرەك. ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇكى: ﴿يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ كُونُواْ قَوَّٰمِينَ بِٱلۡقِسۡطِ شُهَدَآءَ لِلَّهِ وَلَوۡ عَلَىٰٓ أَنفُسِكُمۡ أَوِ ٱلۡوَٰلِدَيۡنِ وَٱلۡأَقۡرَبِينَۚ إِن يَكُنۡ غَنِيًّا أَوۡ فَقِيرٗا فَٱللَّهُ أَوۡلَىٰ بِهِمَاۖ فَلَا تَتَّبِعُواْ ٱلۡهَوَىٰٓ أَن تَعۡدِلُواْۚ وَإِن تَلۡوُۥٓاْ أَوۡ تُعۡرِضُواْ فَإِنَّ ٱللَّهَ كَانَ بِمَا تَعۡمَلُونَ خَبِيرٗا / ئى مۇئمىنلەر! خۇدالىق ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىشتە، ئۆزۈڭلارنىڭ ياكى ئاتا – ئاناڭلارنىڭ ياكى تۇغقانلىرىڭلارنىڭ زىيىنىغا (گۇۋاھلىق بېرىشكە) توغرا كەلگەن تەقدىردىمۇ، ئادالەتنى بەرپا قىلىشقا تىرىشىڭلار، (گۇۋاھلىق بېرىلگۈچى) باي بولسا (ئۇنىڭغا رىئايە قىلماستىن) ياكى پېقىر بولسا (ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتماستىن) ھامان ئادىل گۇۋاھ بولۇڭلار، ئاللاھ ئۇلارغا سىلەردىنمۇ يېقىندۇر، نەفسى خاھىشىڭلارغا ئەگىشىپ (ھەقىقەتتىن) بۇرۇلۇپ كەتمەڭلار. ئەگەر تىلىڭلارنى تولغىساڭلار (يەنى گۇۋاھلىقتىكى پاكىتنى بۇرمىلىساڭلار) ياكى گۇۋاھلىقتىن باش تارتساڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن خەبەردار بولۇپ تۇرغۇچىدۇر﴾(4/«نىساﺋ»: 135).

خەلىفە ئادىل بولۇش ئۈچۈن، ئىشلارغا لايىق كىشىلەرنى تەيىنلىشى، ئىشلارنى ئادىل ۋە مۇلايىم كىشىلەرگە تاپشۇرۇشى ۋاجىبتۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋالىي تاللاش ئىشىدا ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «مَنْ وَلِيَ مِنْ أَمْرِ الْمُسْلِمِينَ شَيْئًا فَأَمَّرَ عَلَيْهِمْ أَحَدًا مُحَابَاةً فَعَلَيْهِ لَعْنَةُ اللَّهِ لَا يَقْبَلُ اللَّهُ مِنْهُ صَرْفًا وَلَا عَدْلًا حَتَّى يُدْخِلَهُ جَهَنَّمَ / كىمكى مۇسۇلمانلارنىڭ بىرەر ئىشىغا مەسئۇل بولۇپ، ئۇلارغا بىرىنى كۆڭلى يېقىنلىقتىن باشلىق قىلىپ قويسا، ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ لەنىتى بولىدۇ. قىيامەت كۈنى ئۇنىڭدىن تەۋبە ياكى تۆلەم قوبۇل قىلماستىن، ئۇنى جەھەننەمگە كىرگۈزىدۇ»(14). يەنە مۇنداق دېگەن: «مَنِ اسْتَعْمَلَ رَجُلاً مِنْ عِصَابَةٍ وَفِي تِلْكَ الْعِصَابَةِ مَنْ هُوَ أَرْضَى لِلَّهِ مِنْهُ فَقَدْ خَانَ اللَّهَ وخانَ رَسُولَهُ وخانَ الْمُؤْمِنِينَ / كىمكى بىر جامائەت ئىچىدە ئاللاھنى تېخىمۇ رازى قىلىدىغان بىر كىشى بار تۇرۇپ، ئۇ جامائەتكە باشقا بىرىنى ئەمەلدار قىلىدىكەن، ئۇ كىشى ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ۋە مۇئمىنلەرگە خىيانەت قىلغان بولىدۇ»(15).

خەلىفەنىڭ دۈشمەنلەرگىمۇ ئادىل مۇئامىلە قىلىشى ئۇنىڭ ئادىللىقىنىڭ جۈملىسىدىندۇر. چۈنكى، ئىسلامىي ئادالەتنىڭ دائىرىسى تار ئەمەس، كەڭدۇر. ئۇ دوستنىمۇ، دۈشمەننىمۇ ئوخشاش ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇ جەھەتتىن، ئاللاھ تائالا دەيدۇكى: ﴿وَلَا يَجۡرِمَنَّكُمۡ شَنَـَٔانُ قَوۡمٍ عَلَىٰٓ أَلَّا تَعۡدِلُواْۚ ٱعۡدِلُواْ هُوَ أَقۡرَبُ لِلتَّقۡوَىٰۖ / بىر قەۋمنى ئۆچ كۆرۈشۈڭلار سىلەرنى ئادىل بولماسلىقىڭلارغا تۈرتكە بولمىسۇن، ئادىل بولۇڭلار، ئادىللىق تەقۋالىققا ئەڭ يېقىندۇر﴾(5/«مائىدە»: 8).

ئىسلامىي ئادالەت قانۇننىڭ ئادىل بولۇشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىسلامنىڭ ھۆكمى ھەممە ئادەمگە تەتبىقلىنىدۇ. ھەتتا بارلىق فۇقەھائ‍ ئەگەر خەلىفە ئۆزى بىر جىنايەت ئۆتكۈزسە، ئۇنىڭدىن قىساس ئېلىنىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. ئەگەر خەلىفە ھەدكە لايىق بىر گۇناھ ئۆتكۈزسە، كۆپچىلىك فۇقەھائ‍ ئۇنىڭغا ھەد ئىجرا قىلىشنىڭ ۋاجىبلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. ئۇلار خەلىفەدىن تۆۋەن تۇرىدىغان ۋالىيلار ھەد ياكى قىساسقا لايىق بىر جىنايەتنى ئۆتكۈزسە، ئۇلاردىن قىساس ئېلىنىدىغانلىقىغا، ئۇلارغا ھەد ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىغا ئىتتىپاقلاشقان. بۇ ئىجماﺋ قىلىنغان ئىشتۇر.

ئىسلامىي ئادالەت ئىجتىمائىي ھەمكارلىقنى تەرتىپكە سالىدىغان ئىجتىمائىي ئادالەتنى، ھەربىر قادىر كىشىنى خىزمەتكە ئىگە قىلىدىغان ۋە باراۋەر پۇرسەتلەر بىلەن تەمىنلەيدىغان ئىقتىسادىي ئادالەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايلارنىڭ ئارىسىدا قولدىن قولغا ئۆتۈپ يۈرىدىغان نەرسىگە ئايلىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئىراق، مىسىر ۋە شام زېمىنلىرىغا فاتىھلارنى ئىگىدار قىلىشقا ئۇنىمىغان. ئىمام مالىك كان بايلىقلىرىنىڭ دۆلەتنىڭ مۈلكى بولىدىغانلىقى، شەخسنىڭ مۈلكى بولمايدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.

[118] ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز ھەسەن بەسرىيدىن ئۆزىگە ئادىل ئىمامنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى سۈپەتلەپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغاندا، ئۇنىڭغا مۇنداق خەت يازغان:

«بىلگىنكى، ئەي مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! ئاللاھ تائالا ئادىل ئىمامنى قىيسايغانلارنىڭ تىرىكى، قايغانلارنىڭ ماياكى، بۇزۇلغانلارنىڭ ئىسلاھى، ئاجىزلارنىڭ كۈچى، مەزلۇملارنىڭ ۋىجدانى، دەردمەنلەرنىڭ پاناھى قىلغان. ئادىل ئىمام دېگەن — ئەي مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! — تۆگىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ ئەڭ ياخشى يايلاقلارنى ئىزدەيدىغان، تۆگىلىرىنى خەتەرلىك ئوتلاقلاردىن توسىدىغان، يىرتقۇچلاردىن قوغدايدىغان ۋە ئىسسىق – سوغۇقنىڭ زىيانلىرىدىن ساقلايدىغان كۆيۈمچان بىر پادىچىغا ئوخشايدۇ. ئادىل ئىمام دېگەن — ئەي مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! — بالىلىرى كىچىك چاغدا ئۇلار ئۈچۈن ئىشلەيدىغان، بالىلىرى چوڭ بولغاندا ئۇلارغا ئىلىم ئۆگىتىدىغان ۋە ئۆلۈپ كەتكىنىدىن كېيىن بالىلىرىنىڭ ياخشى ياشىشى ئۈچۈن ھاياتلىقىدا تىرىشىپ – تىرمىشىپ پۇل تېپىپ، ئۇلار ئۈچۈن ھەممە نەرسىسىنى ساقلاپ قويىدىغان مېھرىبان بىر دادىغا ئوخشايدۇ. ئادىل ئىمام دېگەن — ئەي مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! — بالىسىنى مۇشەققەت بىلەن قورساق كۆتۈرۈپ، مۇشەققەت بىلەن تۇغقان، بوۋاق بالىسىنى پەرۋىشلەپ، بالىسى ئۇخلىمىسا بالىسى بىلەن تەڭ تۈننى بىدار ئۆتكۈزىدىغان، بالىسىنىڭ تىنچلىنىشى بىلەن تىنچلىنىدىغان، بالىسىنى بىر مەزگىل ئېمىتىپ، يەنە بىر مەزگىل ئۇنى ئەمچەكتىن ئايرىيدىغان، بالىسىنىڭ سالامەتلىكىدىن خۇشاللىنىدىغان، بالىسىنىڭ ئاغرىقىدىن ئارامسىزلىنىدىغان، بالىسىغا كۆيۈمچان شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئانىغا ئوخشايدۇ. ئادىل ئىمام دېگەن — ئەي مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! — كىچىكلىرىنى پەرۋىشلەپ باقىدىغان، چوڭلىرىغا ئاشلىق بېرىدىغان يېتىملەرنىڭ ۋەسىيسىگە، مىسكىنلەرنىڭ خەزىنىچىسىگە ئوخشايدۇ. ئادىل ئىمام دېگەن — ئەي مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! — ئەزالار ئوتتۇرىسىدىكى يۈرەككە ئوخشايدۇكى، ئۇنىڭ تۈزىلىشى بىلەن ئەزالار تۈزىلىدۇ، ئۇنىڭ بۇزۇلۇشى بىلەن ئەزالار بۇزۇلىدۇ. ئادىل ئىمام دېگەن — ئەي مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! — ئاللاھ بىلەن ئۇنىڭ بەندىلىرى ئارىسىدا تۇرغان ۋاسىتىچى بولۇپ، ئاللاھنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئۇنى بەندىلەرگە ئاڭلىتىدۇ، ئاللاھقا قاراپ، ئۇنى بەندىلەرگە كۆرسىتىدۇ، ئۆزى ئاللاھنىڭ يولىغا ئەگىشىدۇ ۋە بەندىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىغا ئەگەشتۈرىدۇ. ئەي مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! خوجىسى ئامانەت قىلىپ، پۇل – مېلى ۋە بالا – چاقىلىرىنى ساقلاشنى تەلەپ قىلسا، پۇل – مالنى بۇزۇپ چېچىپ، بالا – چاقىلارنى ھەيدەپ چىقارغان، خوجىسىنىڭ ئائىلىسىنى نامراتلاشتۇرۇپ، پۇل – مېلىنى چېچىۋەتكەن بىر قۇلغا ئوخشاش بولۇپ قالما! بىلگىنكى، ئەي مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! ئاللاھ تائالا ناچار ۋە بۇزۇق ئىشلاردىن توسۇش ئۈچۈن، ھەدلەرنى بەلگىلىگەن. ھەدكە ئىگە بولىدىغان ئادەم ئۆزى ئۇنداق ناچار قىلمىشلارنى قىلسا قانداق بولىدۇ؟ ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنىڭ ھاياتىنى قوغداش ئۈچۈن قىساسنى بەلگىلىگەن. بەندىلەرنىڭ قىساسىنى ئېلىپ بېرىدىغان ئادەم ئۆزى ئۇلارنى ئۆلتۈرسە قانداق بولىدۇ؟ ئەي مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! ئۆلۈمنى ۋە ئۆلۈمدىن كېيىنكى ئىشلارنى، ئۆلۈم ئالدىدا ئەگەشكۈچىلىرىڭنىڭ ۋە ياردەمچىلىرىڭنىڭ ئەسقاتمايدىغانلىقىنى ئەسلىگىن! شۇڭا، ئۆلۈم ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى چوڭ قورقۇنچ ئۈچۈن تەييارلىق قىلغىن. بىلگىنكى، ئەي مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! ئالدىڭدا ھازىرقى مەنزىلىڭدىن باشقا بىر مەنزىلىڭ بار، ئۇ مەنزىلدە تۇرۇشۇڭ ئۇزۇن بولىدۇ، سەندىن دوستلىرىڭ ئايرىلىدۇ، ئۇلار سېنى ئۇنىڭ تېگىدە يالغۇز تاشلاپ قويىدۇ. شۇڭا، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزۈڭگە ھەمراھ بولىدىغان نەرسىلەرنى تەييارلىغىن. ﴿يَوۡمَ يَفِرُّ ٱلۡمَرۡءُ مِنۡ أَخِيهِ ٣٤ وَأُمِّهِۦ وَأَبِيهِ ٣٥ وَصَٰحِبَتِهِۦ وَبَنِيهِ ٣٦ / ئۇ كۈندە ئىنسان قېرىندىشىدىن، ئانىسىدىن، دادىسىدىن، ئايالىدىن ۋە بالىلىرىدىن قاچىدۇ﴾(80/«ئەبەسە»: 34 – 36). شۇنى ئەسلىگىنكى، ئەي مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! قەبرلەردىكى ئۆلۈكلەر (سىرتقا) چىقىرىلغان، دىللاردىكى نەرسىلەر ئاشكارا قىلىنغان چاغدا سىرلار ئېچىلىدۇ، نامەئى ئەئمال(16)غا چوڭ – كىچىك ھەممىسى خاتىرىلەنگەن بولىدۇ. دېمەك، ئەي مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! ئەجەل كېلىشتىن بۇرۇن ۋە ئۈمىد ئۈزۈلۈشتىن بۇرۇن، سەن ھازىر مۆھلەت ئىچىدىسەن. ئەي مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! جاھىللارنىڭ ھۆكمى بىلەن ھۆكۈم قىلمىغىن، ئۇلارغا ئەگىشىپ زالىملارنىڭ يولىدا ماڭمىغىن، ئاجىزلارغا يوغانچىلارنى ھاكىم قىلمىغىن. چۈنكى، ئۇلار بىر مۇئمىن ھەققىدە نە تۇغقانچىلىققا، نە ئەھدىگە رىئايە قىلمايدۇ. بولمايدىكەن، سەن ئۆزۈڭنىڭ گۇناھلىرى ۋە ئۆزۈڭنىڭكى بىلەن قوشۇپ باشقىلارنىڭ گۇناھلىرىنى ئۈستۈڭگە ئالىسەن، سەن ئۆزۈڭنىڭ يۈكلىرى ۋە ئۇنىڭغا قوشۇپ باشقا يۈكلەرنى كۆتۈرۈپ قالىسەن. سەندە يوق لەززەتلەر بىلەن بەھرلىنىپ، دۇنياسىدىكى نازۇنېئمەتلەرنى يەۋاتقانلار سېنى ئالداپ قويمىسۇن، ئاخىرىتىڭدىكى نازۇنېئمەتلىرىڭنى يوقىتىۋېتىپ قالمىسۇن. بۈگۈنكى قۇدرىتىڭگە قارىما، بەلكى سەن ئۆلۈم تورلىرىدا ئەسىرگە ئېلىنىپ، پەرىشتىلەر ۋە پەيغەمبەرلەر جەمگاھىدا ئاللاھنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈلگەن ئەتىدىكى قۇدرىتىڭگە قارا. ﴿وَعَنَتِ ٱلۡوُجُوهُ لِلۡحَيِّ ٱلۡقَيُّومِۖ وَقَدۡ خَابَ مَنۡ حَمَلَ ظُلۡمٗا / گۇناھكارلار مەخلۇقاتلارنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچى (مەڭگۈ) ھايات ئاللاھقا ئېگىلىدۇ. ئاللاھقا شىرك كەلتۈرگەنلەر شەكسىز زىيان تارتىدۇ﴾(20/«تاھا»: 111). ئەي مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! شۈبھىسىزكى، مەن بۇ پەند – نەسىھىتىم بىلەن مەندىن ئىلگىرىكى ئەقىل ئىگىلىرى يەتكەن نەتىجىگە يېتەلمىگەن تەقدىردىمۇ، سەندىن شەپقەت ۋە نەسىھەتنى ئايىمايمەن. دوستىنىڭ ساقلىقى ۋە ئامانلىقىنى ئۈمىد قىلىپ، دوستىغا ئاچچىق دورىلارنى ئىچكۈزۈپ داۋالايدىغان كىشى كەبى مەن ساڭا بۇ مەكتۇبۇمنى ئەۋەتىۋاتىمەن. ئەسسالامۇ ئەلەيكە ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھ، ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى!»(17)

[119] تەقۋادار تابىئىن(18) ھەسەن بەسرىي ئادىل ئىمامنى سۈپەتلەپ يازغان بۇ قىممەتلىك مەكتۇبتىن ئادالەت سۈپىتىنىڭ ئومۇمىيلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز، ھەتتا ئادالەت سۈپىتى ھۆكۈمدارنىڭمۇ «قۇرئان» يولغا قويغان، سۈننەت بايان قىلغان ئەھكاملارغا بويسۇنۇشىنى ۋاجىب قىلىدىغان قانۇنىي ئادالەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەسىلەن، ئەگەر خەلىفە ھەدكە لايىق گۇناھ قىلسا، كەچۈرۈلمەي ھەد ئىجرا قىلىنىدۇ. بىراۋغا چېقىلغان بولسا، كەچۈرۈلمەي قىساس ئېلىنىدۇ. كۆپچىلىك فۇقەھائ‍ شۇنىڭغا بىرلىككە كەلگەن. مەكتۇب ئىجتىمائىي ھەمكارلىقنىڭ ئاساسىنى رەتكە سالىدىغان ئىجتىمائىي ئادالەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. شۇنداقلا يەنە ۋالىيلارنىڭ ئادالەتكە بويسۇنغۇچى بولۇشىنى، كىشىلەرنىڭ گەردىنىگە مىنىش ۋە مۇسۇلمانلارنى خارلاش ئۈچۈن ھۆكۈمران بولماسلىقىنى ۋاجىب قىلىدىغان ئىدارىي ئادالەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. مەكتۇب يەنە دۆلەت بايلىقلىرىنى ئامانەتچانلىق بىلەن تەسەررۇپ قىلىش ۋە دۆلەتنىڭ مال – مۈلۈكلىرىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئىشارەت قىلىپ ئۆتكەن. بىز مەكتۇبنىڭ ئادىل ھۆكۈمدارنىڭ پۈتۈن سۈپەتلىرىنى بىردە ئوچۇق ئىبارە بىلەن، بىردە ئىشارەت بىلەن بايان قىلغانلىقىنى كۆرىمىز.

ھۆكۈمدار شەرتلەرگە رىئايە قىلمىسىچۇ؟

[120] ئەگەر ھۆكۈمدار بۇ شەرتلەرگە رىئايە قىلمىسا، مەسىلەن ھۆكۈمدار مۇئمىنلەرنىڭ رازىلىقىسىز تەختكە چىقىۋالغان بولسا ۋە مۇئمىنلەر ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا باشتىمۇ رازى بولمىسا، كېيىنمۇ رازى بولمىسا، (مالىك، شافىئىي ۋە ئەھمەد قاتارلىق ئۈچ ئىمام كېيىن رازى بولۇشنى دۇرۇس سانىغان) ياكى كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىغا خىلاپ ھالدا ھۆكۈمدار قۇرەيشتىن بولمىسا، ياكى بەيئەت ئەركىن بولمىسا، ياكى ھۆكۈمدار ئادالەت چېگرىسىدىن چىقىپ كەتسە، بۇنداق ھالەتلەردە كۆپچىلىك فۇقەھائ‍ ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ پەيغەمبەرچە خىلافەت ھېسابلانمايدىغانلىقى، بەلكى دۇنياچە پادىشاھلىق ھېسابلىنىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. شۇڭا، ئۇلار يەزىد ئىبنى مۇئاۋىيەنىڭ ھاكىمىيىتى ھەققىدە ئۇنى خەلىفەلىك ھاكىمىيىتى ئەمەس، بەلكى پادىشاھلىق ھاكىمىيىتى دېگەن. بۇ ھەقتە ئىمام ئىبنى تەيمىييە ئېيتقانكى: «ئەھلىسۈننەت ئۇنى (يەنى يەزىدنى) بەنى ئۇمەييەدىن بولغان ئوخشاشلىرىدەك كۆپچىلىك مۇسۇلمانلارنىڭ پادىشاھى ۋە جەڭگىۋار كىشى دەپ قارايدۇ»(19). ئۇ يەنە دەيدۇكى: «يەزىد ئۆز ھۆكۈمرانلىقىدا مۇشۇ پادىشاھلاردىن، يەنى زېمىنغا ئىزباسار قىلىنغان مۇسۇلمانلارنىڭ پادىشاھلىرىدىن بىرىدۇر»(20).

[121] بۇلارغا ئىتائەت قىلىش ۋاجىب بولامدۇ، يوق؟

ئەگەر ھاكىمىيەت تۇتۇش شەرتلىرىنى ھازىرلىغان، بىر توپ كىشىلەر ئەتراپىغا ئولىشىپ، ئەركىن بەيئەت قىلغان بىر ئىمام بار بولسا، شەكسىزكى ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش ۋاجىبتۇر. چۈنكى، ئۇ ھەقىقىي خەلىفەدۇر. (مۇشۇنداق تۇرسا) ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىپ، ئۇنى رىم ياكى پارس پادىشاھلىقىدەك بىر پادىشاھلىق قىلىۋالغان كىشى باغىي (تاجاۋۇزچى) ھېسابلىنىدۇ، ئۇنى ئۆلتۈرۈش ياكى ئۇنى ھەقكە زورلاپ، ئۇنىڭغا قارشى ئادىل (ئىمام) غا ياردەم بېرىش ۋاجىب بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ئېيتقانكى: ﴿وَإِن طَآئِفَتَانِ مِنَ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ ٱقۡتَتَلُواْ فَأَصۡلِحُواْ بَيۡنَهُمَاۖ فَإِنۢ بَغَتۡ إِحۡدَىٰهُمَا عَلَى ٱلۡأُخۡرَىٰ فَقَٰتِلُواْ ٱلَّتِي تَبۡغِي حَتَّىٰ تَفِيٓءَ إِلَىٰٓ أَمۡرِ ٱللَّهِۚ فَإِن فَآءَتۡ فَأَصۡلِحُواْ بَيۡنَهُمَا بِٱلۡعَدۡلِ وَأَقۡسِطُوٓاْۖ إِنَّ ٱللَّهَ يُحِبُّ ٱلۡمُقۡسِطِينَ / مۇئمىنلەردىن ئىككى گۇرۇھ ئۇرۇشۇپ قالسا، ئۇلارنىڭ ئارىسىنى تۈزەپ قويۇڭلار، ئەگەر ئۇلارنىڭ بىرى ئىككىنچىسىگە تاجاۋۇز قىلسا، تاجاۋۇز قىلغۇچى تاكى ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە قايتقانغا قەدەر (يەنى تاجاۋۇزنى توختاتقانغا قەدەر) ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇڭلار، ئەگەر ئۇلار (ئاللاھنىڭ ئەمرىگە) قايتسا، ئۇلارنىڭ ئارىسىنى (ھېچبىر تەرەپكە يان باسماستىن) ئادىللىق بىلەن تۈزەپ قويۇڭلار، (ھەممە ئىشتا) ئادىل بولۇڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئادىللارنى دوست تۇتىدۇ﴾(49/«ھۇجۇرات»: 9).

ئەگەر شۇنىڭدىن باشقا ئادىل ھۆكۈمدار بولمىسا ياكى ئۇنىڭغا ئىختىيارىيمۇ، ياكى مەجبۇرىيمۇ بەيئەت قىلىنمىغان بولسا، شۈبھىسىزكى، خەلىفەلىكنىڭ شەرتلىرىنى ھازىرلىمىغان بۇ پادىشاھقىمۇ ئىتائەت قىلىش ۋاجىبتۇر. ھەسەن بەسرىي بەنى ئۇمەييە پادىشاھلىرىغا ئىتائەت قىلىشنىڭ ۋاجىبلىقى ھەققىدە: «ئۇلار بىزنىڭ بەش ئىشىمىزغا ئىگە بولىدۇ: جۈمە، جامائەت، ئولجا، چېگرا ۋە ھەدلەر. گەرچە ئۇلار يولدىن چەتنىگەن ۋە زۇلۇم قىلغان بولسىمۇ، دىن ئۇلار بىلەن مۇستەھكەم بولىدۇ. ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ئاللاھنىڭ ئۇلار بىلەن تۈزىگەنلىرى ئەلبەتتە ئۇلارنىڭ بۇزغانلىرىدىن كۆپتۇر» دېگەن. ئۇ يەنە: «بۇ پادىشاھلار ئات يورغىلىتىپ ئوينىسىمۇ، كىشىلەرنىڭ گەردىنىگە دەسسىسىمۇ، ئۇلارنىڭ قەلبلىرىدە مەئسىيەت خارلىقى باردۇر (يەنى ماددىي جەھەتتىن ئەزىز كۆرۈنگەن بىلەن مەنىۋى جەھەتتىن خاردۇر، بۇ جەھەتتە قىممىتى يوقتۇر). لېكىن، ھەق تائالا بىزگە ئۇلارغا ئىتائەت قىلىشنى ۋاجىب قىلدى، بىزنى ئۇلارغا قارشى چىقىشتىن توستى، بىزنى ئۇلارنىڭ زىيانلىرىدىن تەۋبە ۋە دۇئا بىلەن ساقلىنىشقا بۇيرۇدى» دېگەن.

[122] «مۇۋەتتا»نىڭ شەرھىدە نەقىل قىلىنىشىچە، ئىمام مالىكنىڭ قارىشى ۋە ئەھلىسۈننەتنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ قارىشى شۇكى، ئىمام زۇلۇم قىلسا، قارشى چىققاندىن ئىتائەت قىلغان ئەۋزەلدۇر. «مۇۋەتتا»دا كەلگەن «وَأَنْ لاَ نُنَازِعَ الأَمْرَ أَهْلَهُ / (رەسۇلۇللاھقا) ئىش ئەھلىدىن ئىشنى تالاشماسلىققا بەيئەت بەردۇق» دېگەن بەيئەت ھەدىسىنىڭ شەرھىدە مۇنداق دېيىلگەن:

«ئىبنى ئابدۇلبەر ئېيتقانكى: ئىش ئەھلى (نىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكى) ھەققىدە كىشىلەر ئىختىلاپ قىلدى، بەزىلەر ئېيتتى: ›ئىش ئەھلى دېمەك ئادالەت، ئېھسان، پەزىلەت ۋە دىيانەت ئەھلى دېمەكتۇر. ئۇلاردىن ئىش تالىشىشقا بولمايدۇ. چۈنكى، ئۇلار شۇنىڭ ئەھلىدۇر. فىسق(21) ۋە جەۋر – زۇلۇم ئەھلىگە كەلسەك، ئۇلار ئىش ئەھلى ئەمەس. ئاللاھ تائالانىڭ بۇ سۆزىگە قارىمامسەن: ﴿لَا يَنَالُ عَهۡدِي ٱلظَّٰلِمِينَ / مېنىڭ (پېشۋا قىلىش) ئەھدەمگە زالىملار ئېرىشەلمەيدۇ﴾(2/«بەقەرە»:124). مۇئتەزىلەلەرنىڭ بىرنەچچە تائىپىسى ۋە خاۋارىجلارنىڭ ھەممىسى ‹زومىگەر زالىم بىلەن تالىشىش كېرەك› دەپ قارىغان. ئەھلىسۈننەتكە كەلسەك، ئۇلار ئېيتقانكى: ›ئىمامنىڭ پازىل، ئادىل ۋە ئەھلى ئېھسان بولغىنى ياخشى، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، زالىم ئىمامغا قارشى چىققاندىن ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىپ سەۋر قىلىش ئەۋزەلدۇر. چۈنكى، قارشى چىققاندا تىنچلىق خەۋپكە ئايلىنىدۇ، قان تۆكۈلىدۇ، ئۆزئارا ھۇجۇم ۋە بۇزغۇنچىلىق يۈز بېرىدۇ. بۇ ئۇنىڭ جەۋر – زۇلمى ۋە فىسقىغا سەۋر قىلىشتىنمۇ ئېغىرراق ئىشتۇر. ئۇسۇل – قائىدىلەر، ئەقىل ۋە دىن شۇنى كۆرسىتىدۇكى، ئالدىڭدا ئىككى زىيان بار بولۇپ، ئىككىسىنىڭ بىرىنى تاللاشقا مەجبۇر بولساڭ، ئىككى زىياننىڭ ئېغىرراقىنى تاشلاپ، يېنىكرەكىنى تاللىغان ياخشى‹»(22). ئىمام ئەھمەد جەۋر – زۇلۇم بولغاندا سەۋر قىلىشنىڭ ۋاجىبلىقىنى ئېيتقان ۋە قارشى چىقىشتىن، سۇيىقەست قىلىشتىن ئوچۇق چەكلىگەن. شۇڭا، ئۇنىڭ: «سۇلتاننىڭ بايرىقى ئاستىدا ئۇنىڭدىن سادىر بولغان ئادالەت ياكى زۇلۇمغا سەۋر قىلىمىز. زۇلۇم قىلسىمۇ، ئەمىرلەرگە قىلىچ كۆتۈرۈپ قارشى چىقمايمىز» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان(23).

[123] مانا بۇ مالىك، شافىئىي ۋە ئەھمەد قاتارلىق ئەھلىسۈننەت ئىماملىرىدىن نەقىل قىلىنغان قاراشتۇر ۋە بۇ قاراش مەشھۇردۇر. لېكىن، ئىبنى تەيمىييەنىڭ زىكىر قىلىشىچە، ئەگەر خەلىفە ئادىل دەپ قارىلىپ مۇسۇلمانلارنىڭ كېڭىشى بىلەن سايلانسا، ئاندىن ئۇنىڭ پاسىق ئىكەنلىكى ئاشكارا بولسا، ئالىملار ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش ھەققىدە ئىختىلاپلىشىپ، بەزىلىرى: «ئۇنىڭغا داۋاملىق ئىتائەت قىلىش ۋاجىب بولىدۇ. چۈنكى، كىشىلەرنىڭ گەدىنىدە ئۇنىڭ بەيئىتى بار» دېگەن. بۇ كۆپچىلىكنىڭ نەزەرىدە كۈچلۈك قاراشتۇر، يەنە بەزىلىرى: «ئۇنىڭغا قىلىنغان بەيئەت بۇزۇلىدۇ، ئىتائەت قىلىش ۋاجىب بولمايدۇ» دېگەن. بۇ كۆپچىلىكتىن باشقا كىشىلەرنىڭ قارىشىدۇر.

ئەركىن سايلام بىلەن سايلانماستىن بەيئەت قىلىنغان كىشىگە كەلسەك، ئىبنى تەيمىييە بۇ مەسىلىدە ئالىملارنىڭ ئۈچ خىل قارىشى بارلىقىنى زىكىر قىلغان:

بىرىنچىسى: ئۇنىڭ جىمى پەرمانى رەت قىلىنىدۇ، ياخشىلىققا بۇيرۇسۇن ياكى يامانلىققا بۇيرۇسۇن، ئىتائەت قىلىنمايدۇ، ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى زۇلۇمدۇر. چۈنكى، ئۇنىڭ بەيئىتى پۈتۈن بولمىدى. بىرەر ئادىل ئىشتا بولسىمۇ، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش بۇ زۇلۇمنى ئېتىراپ قىلغانلىقتۇر. بۇ خاۋارىجلارنىڭ قارىشىغا ئوخشايدىغانراق قاراشتۇر. شۇڭا، بۇ قاراش گەرچە ئەھلىسۈننەت ئارىسىدا دېيىلسىمۇ، ئۇنى ئەھلىسۈننەت تەرجىھ قىلمىغان.

ئىككىنچىسى: بۇ شۇ قاراشلارنىڭ كۈچلۈكرەكى ۋە ئۈستۈنرەكىدۇر، كۆپىنچە ئالىملار شۇ قاراشتا. ھەق ئىشلاردا ئىتائەت قىلىنىدۇ، مەئسىيەت ئىشلاردا ئىتائەت قىلىنمايدۇ. بۇنىڭغا بۇ ھەدىس دەلىلدۇر: «لا طَاعَةَ لِمَخْلُوقٍ فِي مَعْصِيَةِ الْخالقِ / ياراتقۇچىغا ئاسىي بولىدىغان ئىشتا يارىتىلغۇچىغا ئىتائەت قىلىش يوق»(24).

ئۈچىنچىسى: ئەگەر سايلامسىز ئىگە بولۇۋالغان كىشى خەلىفەلىك مەنسىپىگە ئىگە بولغان بولسا، ئۇنىڭغا ھەق ئىشتا ئىتائەت قىلىنىدۇ، گۇناھ بولىدىغان ئىشتا ئىتائەت قىلىنمايدۇ. ئەگەر ئۇ خەلىفەلىك مەنسىپىگە ئىگە بولماي، ۋالىيلىققا ئىگە بولغان بولسا، ئۇ ھەق ئىشلاردىمۇ رەت قىلىنىدۇ. بۇ قاراشتىكىلەرنىڭ خەلىفەلىكنى ئىگىلىۋالغۇچى بىلەن خەلىفەلىكنىڭ تۆۋىنىدىكى مەنسەپنى ئىگىلىۋالغۇچىنى پەرقلەندۈرۈپ مۇئامىلە قىلىشقا كۆرسەتكەن سەۋەبى: بىرىنچىسىنى فىتنەسىز (يەنى ئىچكى ئۇرۇشسىز) ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ، فىتنە بولۇپ قالسا، ئۇنىڭدا قالايمىقانچىلىقلار سادىر بولۇپ، يىللارچە مۇستەبىتلىكتە يۈز بەرمىگەن زۇلۇملار بىر سائەتتە يۈز بېرىدۇ. ئۇنىڭ تۆۋىنىدىكى ۋالىيلارغا كەلسەك: ئۇلارنى فىتنەسىزمۇ ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ، بولۇپمۇ ئۇ خەلىفەلىك مەنسىپىدە ئولتۇرغان كىشىگە بوي ئېگىدىغان بولسا.

ئىبنى تەيمىييە ئوتتۇرىدىكى قاراشنى تاللىغان. ئۇ بولسىمۇ ھەق ئىشتا ئىتائەت قىلىش، زۇلۇمدا ئىتائەت قىلماسلىقتۇر. مۇسۇلمانلار گۇناھ – مەئسىيەتتە ھېچكىمگە ئىتائەت قىلىشقا بولمايدىغانلىقىدا ئىتتىپاقتۇر. ئۇلارنىڭ ئىختىلاپى پەقەت ھەق ئىشتا ئىتائەت قىلىش – قىلماسلىق ھەققىدىدۇر(25).

[124] بۇنىڭ ھەممىسىدىن شۇنى خۇلاسىلەيمىزكى، پەيغەمبەرچە خەلىفەلىكتە مۇتلەق ئىتائەت ۋاجىب بولىدۇ، ئەگەر پەيغەمبەرچە خەلىفەلىككە سايلانغان كىشى پاسىق بولسا، ئۇنىڭ خەلىفەلىكى پەيغەمبەرچە خەلىفەلىك مەنىسىدىن چىقىپ كېتىدۇ ۋە خەلىفەلىكى مۇستەبىت پادىشاھلىققا ئايلىنىدۇ. ئۇنداق كىشى سايلانماستىن ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىۋالغان كىشى بىلەن باراۋەر بولىدۇ. كۆپچىلىك ئالىملار ئۇنىڭغا نىسبەتەن مۇنداق ئۈچ ئىشتا ئىتتىپاقلاشقان:

بىرىنچىسى: قارشى چىقىشنىڭ بىرەر فىتنەگە ئېلىپ بارماسلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا قارشى چىقماسلىق. چۈنكى، فىتنەدە ھەق زايە بولىدۇ، نەفسانىيەتچىلىك بېسىپ كېتىدۇ، ھاۋايى – ھەۋەس باش كۆتۈرىدۇ.

ئىككىنچىسى: ھېچبىر گۇناھ ئىشتا ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلماسلىق. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتقانكى: «السَّمْعُ وَالطَّاعَةُ عَلَى الْمَرْءِ الْمُسْلِمِ فِيمَا أَحَبَّ وَكَرِهَ مَا لَمْ يُؤْمَرْ بِمَعْصِيَةٍ / ھەرقانداق بىر مۇسۇلماننىڭ، مەيلى ئۇ ياخشى كۆرگەن ياكى يامان كۆرگەن ئىشتا بولسۇن، گۇناھ بولىدىغان ئىشقىلا بۇيرۇلمىسا، باشلىقىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلىشى ۋاجىب بولىدۇ»(26).

ئۈچىنچىسى: زالىم ھۆكۈمدارنىڭ ئالدىدا ھەق سۆزنى دېيىش ۋاجىبتۇر. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنغان: «الدِّينُ النَّصِيحَةُ قُلْنَا لِمَنْ قال لِلَّهِ وَلِكِتَابِهِ وَلِرَسُولِهِ ولائمة الْمُسْلِمِينَ وَعَامَّتِهِمْ» / پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— دىن سەمىمىيەتتۇر، — دېگەنىدى، بىز:

— كىمگە؟ — دېسەك، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ كىتابىغا، رەسۇلىغا، مۇسۇلمانلارنىڭ باشلىقلىرىغا(27) ۋە مۇسۇلمانلار ئاممىسىغا، — دېدى»(28). يەنە ئېيتقانكى: «إِنَّ أَفْضَلَ الْجِهَادِ كَلِمَةُ حَقٍّ عِنْدَ سُلْطَانٍ جَائِرٍ / جىھادنىڭ ئەۋزىلى زالىم پادىشاھنىڭ ئالدىدا ھەق گەپنى قىلىشتۇر»(29).

ئەگەر زالىم ئالدىدا ئېغىزىدا ھەقنى دېيەلمىسە، قەلبىدە نارازى بولۇشقا قادىر بولالايدۇ. بۇ ئەڭ ئاجىز ئىماندۇر. ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «سَتَكُونُ أُمَرَاءُ فَتَعْرِفُونَ وَتُنْكِرُونَ، فَمَنْ عَرَفَ بَرِئَ، وَمَنْ أَنْكَرَ سَلِمَ، وَلَكِنْ مَنْ رَضِيَ وَتَابَعَ. قَالُوا: أَفَلَا نُقَاتِلُهُمْ؟ قَالَ: لَا، مَا صَلَّوْا (كەلگۈسىدە بىر قىسىم ئەمىرلەر بولىدۇ، ئۇلاردىن ياخشى – يامان ئىشلارنى كۆرىسىلەر، كىمكى (ئۇلاردىن سادىر بولغان يامان ئىشنى قەلبى بىلەن) يامان كۆرسە (ئاخىرەتتە جازالىنىشتىن) خالاس بولىدۇ. كىمكى ئۇنى (تىلى بىلەن ياكى قولى بىلەن) ئىنكار قىلسا، ئامان بولىدۇ. بىراق كىمكى ئۇنىڭغا رازى بولسا ۋە ئەگەشسە (ئۇلارنىڭ قاتارىدىن بولىدۇ)، — دېدى. ئۇلار:

— بىز ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش قىلمامدۇق؟ — دېۋىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— ياق، ئۇلار نامازنى ئادا قىلىپ تۇرغانلا بولسا، ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىشقا بولمايدۇ، — دېدى(30).

«سەھىھەين»دە مۇنداق كەلگەن: «عَنْ رَسُولِ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ أَنَّهُ قَالَ: إِنَّكُمْ سَتَرَوْنَ بَعْدِي أَثَرَةً وَأُمُورًا تُنْكِرُونَهَا قَالُوا: فَمَا تَأْمُرُنَا يَا رَسُولَ اللهِ قَالَ أَدُّوا إِلَيْهِمْ حَقَّهُمْ وَسَلُوا اللَّهَ حَقَّكُمْ / يەنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— سىلەر مەندىن كېيىن ئۇزاققا قالماي قاتتىق شەخسىيەتچىلىك ۋە سىلەر ئەيبلەيدىغان ئىشلارنى كۆرىسىلەر، — دېگەنىدى، ساھابەلەر:

— ئى رەسۇلۇللاھ! ئۇ چاغدا بىزنى نېمىگە بۇيرۇيدىلا؟ — دېگەندە، رەسۇلۇللاھ:

— ئۇلارغا (ئەمىرلەرگە) ئۈستۈڭلەردىكى ئادا قىلىشقا تېگىشلىك ھەقلىرىنى ئادا قىلىڭلار، ئۆزۈڭلارغا تېگىشلىك ھەققىڭلارنى ئاللاھتىن تىلەڭلار! — دېدى»(31). يەنە ئېيتقانكى: «مَنْ وَلِيَ عَلَيْهِ وَالٍ فَرَآهُ يَأْتِى شَيْئًا مِنْ مَعْصِيَةِ اللَّهِ فَلْيَكْرَهْ مَا يَأْتِى مِنْ مَعْصِيَةِ اللَّهِ وَلاَ يَنْزِعَنَّ يَدًا مِنْ طَاعَةٍ / كىمكى ئۆزىگە باشلىق بولغان بىر ۋالىينىڭ بىرەر گۇناھ ئىشنى قىلغانلىقىنى كۆرسە، ئۇنىڭ قىلغان گۇناھ ئىشىنى يامان كۆرسۇن، بىراق ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتمىسۇن»(32).

ئى ئاللاھ! ئەمەلدار ۋە پۇقرانى ئىسلاھ قىلىپ بەرگىن، دىننىڭ تۈۋرۈكىنى بەرپا قىلىپ بەرگىن، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىرىغا سالىھ كۈچلۈكلەرنى ئىگە قىلغىن، بىزنى توغرا يولدا ماڭغۇچى يېتەكچىلەرگە ئۇلاشتۇرغىن!

 

ئىسلام مەزھەبلىرى تارىخى/ تاريخ المذاهب الإسلامية؛ ئىمام مۇھەممەد ئەبۇ زەھرە؛ مۇھەممەد قاۋۇل قاراخانىي تەرجىمىسى؛ ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى


1. ئەھمەد (12329)؛ ئەبۇ يەئلا (3644) ؛ ئىبنى ئەبى شەيبە (33055). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
2. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (3501)؛ مۇسلىم (1820). ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەتى.
3. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (3495)؛ مۇسلىم (1818). ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەتى.
4. مۇسلىم (1819)؛ ئەھمەد (14585). جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەتى.
5. بۇخارىي (3500)؛ ئەھمەد (16898).
6. بۇخارىي (6830)؛ ئەھمەد (391).
7. مۇسلىم (648)؛ ئەھمەد (21465).
8. بۇخارىي (693)؛ ئەھمەد (12147). ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەتى.
9. مۇسلىم (1298)؛ ئەھمەد (27310). ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەتى.
10. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (2053)؛ مۇسلىم (1457). ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەتى.
11. ئەھمەد ئىبنى يەھيا مۇرتەزا: «ئەلمۇنيەتۇ ۋەلئەمەل فى شەرھىل مىلەلى ۋەننىھەل (المنية والأمل في شرح الملل والنحل)»، 143 – بەت، نەشرگە تەييارلىغۇچى: د. مۇھەممەد جەۋۋاد مەشكۇر، دارۇننەدا، بېيرۇت، ھ. 1410/م. 1990.
12. ئىبنۇلجەۋزىي: «مەناقىبۇل ئىمام ئەھمەد»، 240، 241 – بەت.
13. مۇسلىم (1852). ئەرفەجە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەتى.
14. ئەھمەد (21)؛ ھاكىم (7024). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەنەدى زەئىف» دېگەن. ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەتى.
15. ھاكىم (7023). ھاكىم «سەھىھ» دېگەن. ئالبانىي «زەئىف» دېگەن. ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەتى.
16. نامەئى ئەئمال / ئەمەل دەپتەرلىرى (صَحَائِفُ الْأَعْمَالِ): ئاللاھ تائالا ھەربىر بەندىگە ئىككى پەرىشتەنى مۇئەككەل قىلغان بولۇپ، ئۇلار ئۇنىڭ دۇنيادا قىلغان ياخشى – يامان پۈتۈن ئىشلىرىنى نامەئى ئەئمالىغا خاتىرىلەيدۇ ۋە ئۇ ۋاپات بولغاندا دەپتەرنى پېچەتلەيدۇ. قىيامەت كۈنى ھەربىر ئىنسان نامەئى ئەئمالى بويىچە ھېساب بېرىدۇ. ئۇنىڭغا: ﴿نامەئى ئەئمالىڭنى ئوقۇغىن!﴾(17/«ئىسراﺋ»: 14) دېيىلىدۇ. ﴿نامەئى ئەئمالى ئوڭ قولىغا بېرىلگەن ئادەمدىن ئاسان ھېساب ئېلىنىدۇ. ئۇ (جەننەتتىكى) ئائىلىسىگە خۇشال – خۇرام قايتىدۇ. نامەئى ئەئمالى ئارقا تەرىپىدىن (سول قولىغا) بېرىلگەن ئادەم ‹ۋايداد!› دەپ توۋلايدۇ، دوزاخقا كىرىدۇ﴾(84/«ئىنشىقاق»: 7 – 12). قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ»، 992 – بەت.

17. ئىبنى ئابدۇرەببىھ ئەلئەندەلۇسىي: «ئەلئىقدۇل فەرىد»، 1/33، 35، دارۇل كۇتۇبىل ئىلمىييە، بېيرۇت، 1 – باسمىسى، ھ. 1404.
18. تابىئىي (التَّابِعِيُّ): ئەرەبچىدە: «ئەگەشكۈچى ۋە ئىزىدىن ماڭغۇچى» دېگەنلىكتۇر. مۇھەددىسلەرنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ نەزەرىدە: «ھەدىس ئاڭلىمىغان بولسىمۇ، ئاق – قارىنى پەرق ئېتىدىغان ياشتا ساھابە بىلەن ئۇچراشقان ۋە مۇسۇلمان ھالەتتە دۇنيادىن كەتكەن كىشى»نى كۆرسىتىدۇ. كۆپلۈكى تابىئىن (التَّابِعُوْنَ) دۇر. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا «قۇرئان كەرىم» (9/«تەۋبە»: 100) دە ئۇلارنىڭ پەزىلىتىنى بايان قىلىپ، بۇ نامنى ئۆزى بەرگەن. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ ئۇلار ھەققىدە: «كىشىلەرنىڭ ياخشىسى مېنىڭ دەۋرىمدىكىلەردۇر، ئۇندىن قالسا ئۇلاردىن كېيىن كېلىدىغانلار، ئۇندىن قالسا ئۇلاردىن كېيىن كېلىدىغانلاردۇر» دېگەن («سەھىھەين»). بەزى ئالىملار ئۇلارنى ساھابە كىراملار بىلەن ئاز ياكى كۆپ ھەمراھ بولۇشى ۋە ئۇلاردىن كەلتۈرگەن ھەدىس رىۋايەتلىرىنىڭ ئاز – كۆپلۈكىگە قاراپ ئۈچ تەبىقىگە ئايرىيدۇ. تابىئىندىن ئەڭ دەسلەپ دۇنيادىن كەتكىنى مەئمەر ئىبنى زەيد ھ. 30 – يىلى خۇراساندا ۋاپات بولغان بولسا، ئەڭ ئاخىرقىسى ھ. 181 – يىلى يۈز ياشتىن ئېشىپ ۋاپات بولغان خەلەف ئىبنى خەلىفەدۇر. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 321 – بەت.

19. ئىبنى تەيمىييە: «مىنھاجۇسسۈننە ئەننەبەۋىييە»، 4/522، ئىمام مۇھەممەد ئىبنى سەئۇد ئۇنىۋېرسىتېتى، ھ. 1406/م. 1986.
20. ئىبنى تەيمىييە: يۇقىرىقى مەنبە، 4/522.
21. فىسق / فىسقۇفۇجۇر (الْفِسْقُ / الْفِسْقُ وَالْفُجُورُ): ئەرەبچىدە «بىرنەرسىنىڭ بىرنەرسىدىن بۇزۇقلۇق بىلەن چىقىشى؛ ھەق يولدىن، دىندىن ۋە ئىتائەتتىن چىقىش» دېگەن مەنىلەردە بولۇپ، شەرىئەتتە: «تەئۋىل قىلماستىن قەستەن چوڭ گۇناھلارنى سادىر قىلىش ۋە كىچىك گۇناھلارنى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش»تىن ئىبارەتتۇر. شۇڭا، فىسق بەزىدە كۇفۇر ۋە شىركنى، بەزىدە باشقا گۇناھنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ۋەجدىن ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققان مۇسۇلمان كىشىگە، شۇنداقلا كەڭرەك مەنىدە ئېيتقاندا كۇفۇرلۇق بىلەن ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققان كافىرغىمۇ «فاسىق» دېيىلىدۇ. لېكىن، كۆپىنچە شەرىئەتنى ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن ئاندىن جىمى ياكى قىسمەن ئەھكاملىرىغا رىئايە قىلمىغان ئاسىي مۇسۇلمان كۆزدە تۇتۇلىدۇ. قاراڭ: قازى ئەھمەدنەگەرىي: «دەستۇرۇل ئۆلەماﺋ»، 3/22؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ»، 1209 – بەت؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 32/140.

22. زۇرقانىي: «شەرھۇل مۇۋەتتا»، 3/13. مەكتەبەتۇسسەقافە ئەددىينىييە، 1 – باسمىسى، قاهىرە، ھ. 1424/م. 2003.
23. ئىبنۇلجەۋزىي: «مەناقىبۇل ئىمام ئەھمەد»، 239 – بەت، دارۇھەجەر، ھ. 1409.
24. ئەھمەد (20672)؛ «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، (14795). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەھىھ» دېگەن. ئىمران ئىبنى ھۇساين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەتى.
25. ئىبنى تەيمىييە: «مىنھاجۇسسۈننە»، 4/111، ئىمام مۇھەممەد ئىبنى سەئۇد ئۇنىۋېرسىتېتى، ھ. 1406/م. 1986.
26. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (7144)؛ مۇسلىم (1839). ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەتى.
27. ھەدىسنىڭ مۇددىئاغا بولغان بولغان دالالىتى شۇكى، ئىمام نەۋەۋىي شەرھلىگەندەك، مۇسۇلمانلارنىڭ باشلىقلىرىغا سەمىمىي بولۇش ئۇلارنى ھەقكە بۇيرۇپ نەسىھەت قىلىش، خاتالىقىنى ئەسكەرتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
28. مۇسلىم (55)؛ ئەھمەد (16982). تەمىم ئەددارىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەتى.
29. ئەھمەد (11159)؛ ئەبۇ داۋۇد (4344)؛ ئىبنى ماجە (4011). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن. ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەتى.
30. مۇسلىم (1854)؛ ئەھمەد (26571).
31. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (7052)؛ مۇسلىم (1843). ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەتى.
32. مۇسلىم (1855)؛ دارىمىي (2839). ئەۋف ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەتى.

Please follow and like us: