ئىسلامدىكى سىياسىي مەزھەبلەرنىڭ خاراكتېرى (2) خاۋارىجلار

ئىسلامدىكى سىياسىي مەزھەبلەرنىڭ خاراكتېرى (2) خاۋارىجلار

[85] بۇ پىرقەنىڭ پەيدا بولۇشى شىئەلەرنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن بىر ۋاقىتتا بولۇپ، ئىككىلىسى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دەۋرىدە خۇددى بىر پىرقەدەكلا تەڭ پەيدا بولغان. شىئە ئىدىيەسى خاۋارىج ئىدىيەسىدىن بۇرۇنراق بولسىمۇ، خاۋارىجلار ئەسلىدە ھەزرىتى ئەلىنىڭ ياردەمچىلىرىدىن ئىدى.

خاۋارىجلار ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قوشۇنى ئىچىدە پەيدا بولغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا سىففىن دېگەن جايدا ھەزرىتى ئەلى بىلەن مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئوتتۇرىسىدا قاتتىق ئۇرۇش بولغان. مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇرۇشنىڭ ئاچچىق تەمىنى تېتىپ، قېچىشنى ئىرادە قىلغان. ئاخىرىدا، ئۇنى ھەكەم(1) تەيىنلەش پىكرى قۇتقۇزۇپ قالغان. ئۇنىڭ قوشۇنى «زىددىيەتنى ھەل قىلىشتا قۇرئاننى ھاكىم قىلايلى» دېگەننى ئىپادىلەش ئۈچۈن، «قۇرئان» كىتابلىرىنى (نەيزە ئۇچىغا ئىلىپ) ئېگىز كۆتۈرگەن. لېكىن، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئاللاھ ئۆزى ئايرىغانغا قەدەر ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىدا چىڭ تۇرغان. نەتىجىدە ئۇنىڭ قوشۇنى ئىچىدىن بىر تۈركۈم كىشىلەر ئۇنىڭغا قارشى چىقىپ، ئۇنىڭ ھەكەم تەيىنلەشنى قوبۇل قىلىشىنى تەلەپ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ھەزرىتى ئەلى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئەمەس، بەلكى مەجبۇرەن ھەكەم تەيىنلەشنى قوبۇل قىلغان. ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەقىبلىرى بىلەن ئۆزى تەرەپتىن بىر، مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تەرەپتىن بىر بولۇپ، ئىككى كىشىنى ھەكەم قىلىشقا كېلىشكەندىن كېيىن، مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى تاللىغان. ھەزرىتى ئەلى ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانى تاللىماقچى بولغاندا، ھېلىقى قارشى چىققان خاۋارىجلار ئۇنى ئەبۇ مۇسا ئەلئەشئەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى تاللاشقا قىستىغان. ھەكەم تەيىنلەشنىڭ نەتىجىسىدە، ھەزرىتى ئەلى مەنسەپتىن قالدۇرۇلۇپ، ھەزرىتى مۇئاۋىيە مەنسەپكە قويۇلغان. بۇ ھەكەم تەيىنلەش ئىشى بىلەن مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يېتەكچىلىك قىلغان باغىيلار(2)نىڭ كۈچى زورايغان. ھەزرىتى ئەلىنى ھەكەم تەيىنلەشكە ۋە مۇئەييەن بىر ھەكەمگە قىستىغان بۇ خاۋارىجلارنىڭ قىزىقارلىق بىر تەرىپى، ئۇلار شۇنىڭدىن كېيىن كېلىپ، ھەكەم تەيىنلەشنى چوڭ بىر جىنايەت دەپ قارىغان ۋە: «بىز ھەكەم تەيىنلەش سەۋەبلىك كافىر بولۇپ كېتىپ، تەۋبە قىلىۋالدۇق، سەنمۇ كافىر بولدۇڭ، تەۋبە قىل» دەپ، ھەزرىتى ئەلىدىن قىلغان ئىشى ئۈچۈن تەۋبە قىلىشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇلارغا بەدەۋى ئەرەبلەر ئەگەشكەن ۋە ئۇلارنىڭ شوئارى «لاَ حُكْمَ إِلاَّ لِلَّهِ / ھۆكۈم پەقەت ئاللاھقا خاستۇر» بولغان. ئۇلار ھەزرىتى ئەلى بىلەن جېدەللىشىپ، ئۇنىڭدىن مۇناسىۋەتنى ئۈزگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش قىلىشنى باشلىغان.

[86] بۇ پىرقە ئىسلامىي پىرقەلەر ئىچىدە مەزھەبىنى ئەڭ قاتتىق قوغدىغان، قاراشلىرىدا ئەڭ چىڭ تۇرغان، ئومۇمەن ناھايىتى دىندار، ناھايىتى قىزىققان ۋە يەڭگىلتەك بىر پىرقەدۇر. ئۇلار شۇ قىزىققانلىقى ۋە يەڭگىلتەكلىكى بىلەن بىر قىسىم سۆزلەرنىڭ يۈزەكى مەنىلىرىگىلا ئېسىلىۋېلىپ، بۇ يۈزەكى مەنىلەرنى ھېچبىر مۇئمىن چەتنىسە بولمايدىغان مۇقەددەس دىن دەپ ئويلاپ قالغان. «لاَ حُكْمَ إِلاَّ لِلَّهِ / ھۆكۈم پەقەت ئاللاھقا خاستۇر» دېگەن كەلىمە ئۇلارنىڭ ئەقلىنى لال قىلىۋالغانلىقتىن، ئۇلار ئۇ كەلىمەنى ئۆزلىرىگە دىن قىلىۋالغان. ئىشارە قىلغىنىمىزدەك، ئۇلار ھەرقاچان ھەزرىتى ئەلىنىڭ گەپ قىلىپ تۇرغانلىقىنى كۆرسە، ئۇنىڭغا مۇشۇ كەلىمەنى دەپ قوياتتى.

سەييىدىمىز ئوسمان ۋە ئىمام ئەلىدىن، شۇنداقلا بەنى ئۇمەييەنىڭ زالىم ھاكىملىرىدىن ئادا – جۇدا بولۇش پىكرى ئۇلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىۋالغانىدى، ھەتتا ئۇ پىكىر ئۇلارنىڭ چۈشەنچىلىرىنى ئىگىلەپ، ئۇلارنىڭ ئەقلىنى تامامەن بېسىۋالغان ۋە ئۇلارنىڭ ھەقىقەتكە يېتىش يوللىرىنى ياكى ئۆزلىرى ئېغىزلىرىدىن چۈشۈرمەي دەۋاتقان سۆزلەرنىڭ تەكتىگە، بەلكى دىنىي ھەقىقەتلەرنىڭ تەكتىگە يېتىش يوللىرىنى ئېتىۋالغان ئىدى. كىم ئوسمان، ئەلى، تەلھە، زۇبەيرلەردىن ۋە بەنى ئۇمەييەنىڭ زالىم ھاكىملىرىدىن ئادا – جۇدا بولسا، ئۇلار ئۇنى ئۆز توپىغا كىرگۈزۈپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى ئۆزلىرىنىڭ ئىسىملىرى قاتارىغا قوشاتتى، ئۆزلىرىنىڭ باشقا پرىنسىپلىرىدا ئۇنىڭغا كەڭچىلىك قىلاتتى.

ئادىل ھۆكۈمدار ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئۇلار بىلەن مۇنازىرىلەشكەن. ئۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپ ئۇنىڭ (بەنى ئۇمەييەدىن ئىبارەت) زالىم جەمەتىدىن ئادا – جۇدالىقىنى ئېلان قىلمىغانلىقى توغرىسىدا بولغانىدى، ھالبۇكى ئۇلار ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزنىڭ ئۆزىدىن ئىلگىرىكى بەنى ئۇمەييەلەرگە قارشى يول تۇتقانلىقىنى، بەنى ئۇمەييەنىڭ داۋاملىشىپ كەلگەن زۇلمىنى توسقانلىقىنى، بەلكى تېخى ئۇلارنىڭ زۇلمىغا ئۇچرىغانلارنىڭ ھەققىنى ئېلىپ بەرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلاتتى – يۇ، لېكىن ئادا – جۇدالىقنى جاكارلاش پىكرى ئۇلارنى چىرمىۋالغانىدى. نەتىجىدە، بۇ پىكىر ئۇلارنىڭ ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزنىڭ ئىتائىتىگە كىرىپ، ئىسلام جامائىتى بايرىقى ئاستىدا مېڭىشىغا توسالغۇ بولغان ئىدى.

[87] دەبدەبىلىك سۆزلەرنىڭ ئۇلارنىڭ ئەقىل – ئىدراكىنى چىرمىۋېلىشىدا ئۇلار فىرانسىيە ئىنقىلابىدا ئەڭ قاتتىق يىرگىنىچلىك ئىشلارنى قىلغان ياكۇبىنلار (Jakobin) غا ئوخشايدۇ. بۇ ياكۇبىنلارنى ئەركىنلىك، قېرىنداشلىق ۋە باراۋەرلىك سۆزلىرى چىرمىۋالغان ئىدى، ئۇلار مۇشۇ نام بىلەن كىشىلەرنى ئۆلتۈرۈپ، بىھۇدە قان تۆككەن ئىدى. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش ئاۋۇلارنىڭ ئەقلىنىمۇ ئىمان كەلىمەلىرى، «لاَ حُكْمَ إِلاَّ لِلَّهِ / ھۆكۈم پەقەت ئاللاھقا خاستۇر» كەلىمەسى ۋە زالىملاردىن ئادا – جۇدا بولۇشلار چىرمىۋالغانىدى. ئۇلار شۇ نام بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ قانلىرىنى ھالال ساناپ، ئىسلامىي زېمىنلارنى قىزىل قان بىلەن بويىغان ۋە ھەرجايدا ۋەھشىيانە تاجاۋۇزچىلىق قىلغانىدى.

[88] خاۋارىجلارنىڭ ئالاھىدىلىكى پەقەت قىزىققانلىق ۋە سۆزلەرنىڭ يۈزەكى مەنىسىگىلا ئېسىلىۋېلىشلا بولماستىن، بەلكى يەنە ئۇلارنىڭ پىداكارلىق، ئۆلۈمدىن قورقماسلىق، گەرچە مۇھىم بىر سەۋەب بولمىسىمۇ ئۆزىنى خەتەرگە ئېتىشتەك باشقا سۈپەتلىرىمۇ بار. ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى خەتەرگە ئېتىشى ئۇلارنىڭ باتۇرلۇقىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ بەزىسىنىڭ نېرۋىسى قالايمىقانلىشىپ ئالجىغانلىقىدىن بولسا كېرەك. ئۇلار بۇ ئىشلىرىدا گويا ئەندەلۇس ئەرەب مەدەنىيىتى بىلەن گۈللەنگەن مەزگىلدە ئەندەلۇستىكى ئەرەبلەرنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا ياشىغان ناسارالارغا بەكمۇ ئوخشايدۇ، ئۇلارنىڭ بىر تۈركۈمى ئالجىپ قېلىپ، ئەسەبىيلىكى تۇتۇپ، ئۆلۈمنىڭ ئالدىغا ئۆزلىرى كېلەتتى. ئۇلارنىڭ ھەربىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى تىللاپ ئۆزىنى ئۆلۈمگە تۇتۇش ئۈچۈن، قازىخانىغا بارماقچى بولىدۇ. ئۇلار توپ – توپ ھالدا كەينى – كەينىدىن كېلىدۇ، ئاخىرىدا دەرۋازىۋەنمۇ ئۇلارنى قايتۇرۇۋېتىشتىن زېرىكىدۇ. قازىلار ئۇلارنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىپ سالماسلىق ئۈچۈن قۇلاقلىرىنى ئېتىۋالىدۇ. مۇسۇلمانلار بۇ بىچارىلەرگە ئىچ ئاغرىتىپ، ئۇلارنى ساراڭ ئوخشايدۇ دەپ ئويلايدۇ(3).

خاۋارىجلارنىڭ قاتارىدا ھەزرىتى ئەلى خۇتبە ئوقۇسا تاشلاپ كېتىدىغانلار، ھەتتا ناماز ئوقۇسىمۇ تاشلاپ كېتىدىغانلار، ئەلى ۋە ئوسمان سەۋەبلىك مۇسۇلمانلارغا جەڭ ئېلان قىلغان ۋە ئۇ ئىككىسىگە ئەگەشكەنلەرنى «مۇشرىك» دەپ قارىلىغانلارمۇ بار ئىدى. ئۇلار ئابدۇللاھ ئىبنى خەبباب ئىبنى ئەرتنى ئۆلتۈرۈپ، ھەتتا ئۇنىڭ دېدىكىنىڭ قورسىقىنى يارغان ئىدى. ئەلى كەررەمەللاھۇ ۋەجھەھۇ ئۇلارغا: «بىزگە ئۇنىڭ قاتىللىرىنى تاپشۇرۇپ بېرىڭلار!» دېسە، ئۇلار: «ھەممىمىز ئۇنىڭ قاتىللىرى!» دېگەن. نەتىجىدە، ئەلى ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، ئۇلارنى يوقىتىپ تاشلاشقا ئاز قالغان. مۇشۇنداق قارشىلىقمۇ، ئۇلارنىڭ قالغانلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ يولىدا مېڭىشتىن ۋە ئۇلارغا ئوخشاش مۇشۇنداق پىكرىي ساراڭلىق تەگكەن سەھرا ئەرەبلىرىنى ئۇلارغا ئەگىشىشتىن توسۇپ قالالمىغان.

[89] شۇنىسى ھەقىقەتكى، ئىخلاس ئۇلارنىڭ كۆپىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئىدى، لېكىن ئۇلاردىكى ئىخلاس ئۇلارنىڭ ئەقىل – ئىدراكىنى ئىگىلىۋالغان مۇئەييەن بىر تەرەپكە ئېغىپ كېتىش تۈسىدىكى ئىخلاس ئىدى. ئۇلارنىڭ تەپەككۇرىنىڭ قانچىلىك ئاغما ئىكەنلىكى ۋە ئىخلاسىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكى ئايان بولۇشى ئۈچۈن، بىز تۆۋەندە ئۇلارنىڭ ئازراق قىسسەسىنى سۆزلەيمىز:

رىۋايەت قىلىنىشىچە: ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تەرىپىدىن ئۇلارنىڭ قېشىغا ئەۋەتىلىپ، ئۇلار بىلەن مۇنازىرىلەشكەندە، ئۇلارنىڭ كۆپ سەجدە قىلغانلىقتىن يارا بولۇپ كەتكەن پېشانىلىرىنى، قاپىرىپ كەتكەن قوللىرىنى، ئۇلارنىڭ ئۇچىسىدا پاكىز كۆڭلەكلەرنى كۆرگەن(4).

بۇ ئۇلارنىڭ ئىخلاسىدىن بىر كۆرۈنۈش. شۇنداق تۇرۇقلۇق، ئۇلارنى بىر تەرەپلىمىلىك تىزگىنلىۋالغان. بىز ئۇلارنىڭ ئابدۇللاھ ئىبنى خەببابنى ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكىنى كۆردۇق. سەۋەبى، خەبباب ئۇلارغا ھەزرىتى ئەلىنى «مۇشرىك» دېمىگەنىدى. ئۇلار بىر ناسارانىڭ خورمىسىنى ھەقسىز ئېلىشقا ئۇنىمايدۇ – يۇ، خەببابنىڭ جېنىنى ناھەق ئالىدۇ. مۇبەررىدنىڭ «ئەلكامىل (الكامل)» ناملىق كىتابىدا كەلگەن تۆۋەندىكى قىسسەگە قۇلاق سېلىڭ:

«ئۇلارنىڭ قىزىقارلىق ئىشلىرىدىن بىرى، ئۇلار بىر مۇسۇلمان بىلەن بىر ناساراغا ئۇچراپ قېلىپ، مۇسۇلماننى ئۆلتۈردى، ناساراغا بولسا ياخشى مۇئامىلە قىلدى ۋە: ‹پەيغەمبىرىمىزنىڭ (ئەھلى كىتابقا بەرگەن) كاپالىتىنى قوغدايلى› دېيىشتى. ئۇلارغا ئابدۇللاھ ئىبنى خەبباب ئۇچرىدى، ۋەھالەنكى ئۇنىڭ بوينىدا قۇرئان بار بولۇپ، ھامىلىدار ئايالى ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىدى. ئۇلار: ‹بوينۇڭدىكىسى بىزنى سېنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇۋاتىدۇ› دەپ، ئۇنىڭدىن: ‹ئەبۇبەكرى ۋە ئۆمەر ھەققىدە قانداق قارايسەن› دەپ سورىغانىدى، ئابدۇللاھ ئۇ ئىككىسى توغرۇلۇق ياخشى گەپ قىلدى. ئۇلار: ‹ئەلىنىڭ ھەكەم تەيىنلەشتىن بۇرۇنقى ئەھۋالى ھەققىدە ۋە ئوسماننىڭ خىلاپىتىنىڭ دەسلەپكى ئالتە يىلى ھەققىدە قانداق قارايسەن› دەپ سورىغانىدى، ئابدۇللاھ ئۇ ئىككىسىنىڭمۇ ياخشى گېپىنى قىلدى. ئۇلار:

— (ئەلى بىلەن مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئوتتۇرىسىدىكى) ھەكەم تەيىنلەش ھەققىدە قانداق قارايسەن، — دەپ سورىۋىدى، ئۇ:

— مەن ئەلىنى ئاللاھنىڭ كىتابىنى سىلەردىنمۇ ياخشى بىلىدۇ، دىننى ئەڭ قاتتىق ھىمايە قىلىدۇ ۋە ناھايىتى چوڭقۇر پىكىرلىك دەپ قارايمەن، — دېدى. ئۇلار:

— سەن ئادەملەرنىڭ ئىسمىغىلا ئەگەشمەيدىكەنسەن (بەلكى ھەقىقىي بىلىپ ئەگىشىدىكەنسەن)، — دېدى. ئاندىن ئۇلار خەببابنى دەريا ياقىسىغا ئاپىرىپ بوغۇزلىدى… ئاندىن ئۇلار بىر ناسارا ئادەم بىلەن بىر تۈپ خورمىنىڭ مېۋىسىنى ئۈزۈۋېلىش ئۈچۈن سودىلاشماقچى بولىۋېدى، ناسارا:

— ئۇ سىلەرگە سوۋغا بولسۇن! — دېدى. ئۇلار:

— ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، بىز ئۇنى ھەقسىز ئالمايمىز، — دېدى. ناسارا:

— نېمىدېگەن قىزىقارلىق ئىش بۇ! سىلەر ئابدۇللاھ ئىبنى خەببابتەك بىرىنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ، بىزدىن بىر خورما قوبۇل قىلمامسىلەر؟! — دېدى».

[90] تەقۋالىق، ئىخلاس، قايمۇقۇش، ئالجىپ قېلىش، مۇتەئەسسىبلىك، يىرىكلىك، قاتتىق قوللۇق ۋە ئۆزى ئېتىقاد قىلغان نەرسىگە قارىغۇلارچە دەۋەت قىلىش، شۇنداقلا كىشىلەرنى ئۆزلىرىنىڭ ئازغۇن ۋە مۇتەئەسسىب قاراشلىرىغا دىننىڭ كەڭ قوللۇقىغا ھېچبىر توغرا كەلمەيدىغان ھەمدە ئىخلاس ۋە تەقۋالىقنىڭ مېۋىسى بولغان قەلبلەردىكى مېھىر – شەپقەتكىمۇ توغرا كەلمەيدىغان تەرزدە زوراۋانلىق بىلەن قىستاش قاتارلىق بىر – بىرىگە زىت بۇ سۈپەتلەر ئۇلاردا قانداق پەيدا بولغان؟!

مېنىڭ قارىشىمچە، بۇنىڭ سەۋەبى: خاۋارىجلارنىڭ كۆپىنچىسى سەھرا ئەرەبلىرىدىن بولۇپ، ئازغىنىسىلا شەھەر ئەرەبلىرىدىن ئىدى. بۇلار ئىسلام كېلىشتىن بۇرۇن ناھايىتى نامراتلىقتا ئىدى، ئىسلام كەلگەندىن كېيىنمۇ ئۇلارنىڭ ماددىي ئەھۋالى ياخشىلانمىدى. چۈنكى، ئۇلار سەھرالىرىدا سەھرانىڭ غورىگىل تۇرمۇشى ۋە قىيىن ھاياتلىقى بىلەن ئۆتۈۋەردى. ئىسلام ئۇلارنىڭ قەلب قاتلاملىرىغا ئۇلارنىڭ ئاددىي تەپەككۇرى، تار تەسەۋۋۇرى ۋە ساۋاتسىزلىقى بىلەن قوشۇلۇپ كىردى. بۇنىڭ ئومۇمىدىن، نەزەر دائىرىسى تار بولغانلىقى ئۈچۈن مۇتەئەسسىب، سەھرادىن كېلىپ چىققانلىقى ئۈچۈن قارىغۇلارچە ئىش قىلىدىغان ۋە قىزىققان، ھېچنەرسىسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن زاھىد بولىۋالغان بىر قىسىم مۇئمىن كۆڭۈللەر پەيدا بولدى. چۈنكى، ھېچنەرسىسى يوق كۆڭۈلگە ئىمان كىرسە ۋە ئۇنىڭغا توغرا ئېتىقاد يەتسە، ماددىي شەھۋەتلەردىن ۋە بۇ ھاياتلىقنىڭ لەززەتلىرىدىن ئۆزىنى تارتىدۇ، بارلىقى بىلەن ئاخىرەتنىڭ نازۇنېئمەتلىرىگە يۈزلىنىدۇ.

ئۇلارنىڭ سەھرالىرىدا بېشىدىن كەچۈرگەن بۇ خىل تۇرمۇشلىرى ئۇلارنى قاتتىقلىق، باغرىتاشلىق ۋە قوپاللىققا ئېلىپ بارغان. چۈنكى، ئىنسان كۆنگىنىنىڭ قۇلىدۇر. ناۋادا ئۇلار نازۇنېئمەت ئىچىدە كەڭتاشا پاراۋان تۇرمۇشتا ياشىغان بولسا ئىدى، ئۇلارنىڭ قوپاللىقى يېنىكلىگەن، قاتتىقلىقى يۇمشىغان، توڭلۇقى ئېرىگەن بولاتتى.

رىۋايەت قىلىنىشىچە، زىياد ئىبنى ئەبىھكە باتۇرلاردىن بولغان ئەبۇلخەير ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ خاۋارىجلارنىڭ قارىشىنى قوبۇل قىلغانلىق مەلۇماتى يەتكەندە، ئۇ ھېلىقى كىشىنى چاقىرتىپ ئەكىلىپ، ئۇنى مەنسەپكە قويۇپ، ھەر ئايدا ئۇنىڭغا تۆت مىڭ دىرھەم بەردى ۋە ھەر يىللىق مائاشىنى يۈز مىڭ دىرھەم قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئەبۇلخەير: «ئەمىرگە ئىتائەت قىلىپ، كىشىلەر ئارىسىدا ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشتىنمۇ ياخشى ئىشنى كۆرمىدىم» دەيدىغان بولدى. ئۇ داۋاملىق ۋالىي بولۇپ، ئاخىرى زىياد ئۇنىڭ بىر ئىشىنى ئەيىبلىۋېدى، ئۇ زىيادقا خىرىس قىلدى. شۇنىڭ بىلەن زىياد ئۇنى قاماپ قويدى. ئۇ ئۆلگۈچىلىك قاماقتىن چىقمىدى(5).

نازۇنېئمەتنىڭ تەبىئەتلەرنى يۇمشىتىپ، قەلبلەرنى قانداق ئۆزگەرتىدىغانلىقىغا، يىرىك ۋە مۇتەئەسسىب بۇ ئادەمنى قانداق سىلىق ۋە يۇمشاق قىلىۋەتكەنلىكىگە قاراڭ!

[91] بىز خاۋارىجلارنى خاۋارىجلىقىدىكى ئىخلاس بىلەن سۈپەتلىسەك، بۇنىڭ مەنىسى «ئۇلاردىكى ئىخلاس باشقا نەرسە ئارىلاشمىغان ساپ ئىخلاس» دېگەنلىك بولمايدۇ، بەلكى ئۇنىڭدا دۇغلار بولۇشى مۇمكىن. بىز ھەق ئېتىقادتىن باشقا ئۇلارنى خاۋارىجلىققا ئۈندىگەن بىر قىسىم ئىشلارنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلمايمىز. ئۇلارنىڭ ھەق ئېتىقادىدىن باشقا خاۋارىجلىققا ئۈندىگەن ئىشلارنىڭ ئەڭ چوڭى: ئۇلار قۇرەيشنىڭ خىلافەتنى ئىگىلىۋېلىپ، خىلافەتنى ئۆز چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋالغانلىقىغا ھەسەت قىلاتتى. بۇنىڭ دەلىلى، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى رەبىئە قەبىلىلىرىدىن بولۇپ، رەبىئە قەبىلىلىرى بىلەن مۇزەر قەبىلىلىرى ئوتتۇرىسىدا جاھىلىيەتنىڭ ئۆچمەنلىكلىرى بار ئىدى، ئىسلام ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئۆچ – ئاداۋەتنىڭ قاتتىقلىقىنى پەسەيتكەن بولسىمۇ، پۈتۈنلەي تۈگىتەلمىگەنىدى، بەلكى ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىگە ئورناپ كەتكەن قاتتىقلىقنىڭ ئاز بولمىغان ئاسارەتلىرى قالغان ئىدى. گاھىدا بۇ خىل ئاسارەت مەزھەب ۋە كۆزقاراشلاردا ئۆزىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، شۇ مەزھەب ۋە قاراشقا ئەگەشكەن كىشى بۇنى ئۆزىمۇ تۇيماي قالىدۇ. ئىنساننىڭ كۆڭلىنى گاھىدا ھاۋايى – ھەۋەس تىزگىنلىۋېلىپ، ئۇنى مەلۇم ئىدىيەگە ئىتتىرىدۇكى، ئۇ شۇ ئىدىيە ئىچىدە ئۆزىگە ئىخلاس يېتەكچىلىك قىلىۋاتقاندەك، يالغۇز ئەقىللا يول باشلاۋاتقاندەك ئويلاپ قالىدۇ. مانا بۇ ھاياتلىقنىڭ ھەممە تەرەپلىرىدە روشەن ئىشتۇر. چۈنكى، ئىنسان دىلىنى ئاغرىتقان نەرسىلەرگە ئالاقىسى بار ھەرقانداق بىر ئىدىيەدىن نەپرەتلىنىدۇ. شۇنداق بولغان ئىكەن، ئېنىقلا شۇنى تەسەۋۋۇر قىلالايمىزكى، كۆپىنچىسى رەبىئە قەبىلىسىلىك بولغان خاۋارىجلارنىڭ مۇزەر قەبىلىسىلىك خەلىفەلەرنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ ھاكىمىيىتىدىن نەپرەتلەنگەن ۋە ئۆزلىرى تۇيماستىن تەپەككۇرلىرىدا مۇشۇ نەپرەتلىنىشنىڭ تەسىرىدە خىلافەت (نى قولغا چۈشۈرۈش) كە ئاتلانغان ھەمدە ئۆزلىرى دەۋاتقان نەرسىلەرنى ساپ دىندەك ئويلاپ قالغان، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ دىنغا بولغان ئىخلاستىن باشقا غەرىزى يوقتەك ئويلاپ قالغان.

[92] بۇنىڭغا ئاساسەن، خاۋارىجلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەرەبتۇر، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پەقەت ناھايىتى ئاز ساندا مەۋالىي[(6)لار بار ئىدى. ھالبۇكى خاۋارىجلارنىڭ خىلافەت ھەققىدىكى قاراشلىرىدا خەلىفەلىكنىڭ شەرتلىرىنى ھازىرلىسىلا، مەۋالىيلارمۇ خەلىفە بولۇشقا ھەققى بار ئىدى. چۈنكى، خاۋارىجلار خىلافەتنى ئەرەبلەرنىڭ مەلۇم جەمەتىگە ۋە مەلۇم قەبىلىسىگە، ھەتتا مەلۇم ئىرق ۋە مەلۇم توپقىمۇ خاس قىلمايتتى.

مەۋالىيلار خاۋارىجلارنىڭ مەزھەبىدىن سەسكەنگەن بولۇپ، سەۋەبى، خاۋارىجلار ئۆزلىرى مۇشۇنداق قاراشتا تۇرۇپ ئۇلارنى كۆزگە ئىلمايتتى ۋە ئۇلارغا قارشى تەرەپبازلىق قىلاتتى. ئىبنى ئەبۇلھەدىدنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە، مەۋالىيلاردىن بىر كىشى خاۋارىجلاردىن بىر ئايالغا خېرىدار بولىۋېدى، ئۇلار ئۇ ئايالغا: «سەن بىزنى رەسۋا قىلدىڭ!» دېگەن.

ئەگەر ئۇلار شۇ تەرەپبازلىقىنى تاشلىغان بولسا، كۆپلىگەن مەۋالىيلار ئۇلارغا ئەگەشكەن بولاتتى.

[93] خاۋارىجلار ئىچىدە مەۋالىيلار ئاز ساندا بولسىمۇ، بىز ئۇلارنىڭ خاۋارىجلارنىڭ بەزى پىرقەلىرىدىكى تەسىرىنى كۆرەلەيمىز. مەسىلەن، يەزىد ئىبنى ئەبۇ ئەنىسە ئەلخارىجىينىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بولغان يەزىدىيلەر: «ئاللاھ ئەجەملەردىن بىر پەيغەمبەر ئەۋەتىپ، ئۇنىڭغا بىر كىتاب چۈشۈرىدۇ، ئۇنىڭ شەرىئىتى بىلەن مۇھەممەد شەرىئىتىنى بىكار قىلىدۇ» دەپ دەۋا قىلاتتى. شەكسىزكى، بۇ پارسىي بىر قاراشتۇر. چۈنكى، پارسلار ئۆز قەۋمى ئىچىدىن بىر پەيغەمبەرنىڭ چىقىشىغا تەلپۈنەتتى.

مەيمۇنىيلار — ئۇلار مەيمۇن ئەجرەدىينىڭ ئەگەشكۈچىلىرىدۇر — بالىلىرىنىڭ قىزلىرىغا ھەم قېرىنداش ۋە ھەمشىرىلىرىنىڭ بالىلىرىنىڭ قىزلىرىغا نىكاھلىنىشنى مۇباھ سانايتتى. ئەنە شۇ پارسىي قاراشلاردۇر. چۈنكى، مەجۇسىي پارسلار شۇ خىل نىكاھلارنى مۇباھ سانايدىغانلاردۇر.

خاۋارىج پىرقەلىرىنى جەملىگەن پرىنسىپلار

[94] يۇقىرىقى سۆزلەردىن خاۋارىجلارنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ قەبىلىلىرىنىڭ ئەقلىيىتىنى تونۇدۇق. بىز ئەمدى ئۇلارنىڭ پرىنسىپلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز. شۇنىسى ھەقىقەتكى، ئۇلارنىڭ پرىنسىپلىرى ئۇلارنىڭ چولتا تەپەككۇرى، ئاددىي ئەقلى، يۈزەكى قاراشلىرىنىڭ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ قۇرەيش ۋە مۇزەر قەبىلىلىرىگە بولغان ئۆچمەنلىكىنىڭ روشەن ئىپادىسىدۇر.

بۇ قاراشلارنىڭ بىرىنچىسى — بۇ ئۇلارنىڭ قاراشلىرى ئىچىدىكى توغرا قاراشتۇر — : خەلىفە مۇسۇلمانلارنىڭ بىر گۇرۇپپىسى ئەمەس، بەلكى ئومۇمىي مۇسۇلمانلار قاتناشقان ئەركىن سايلام بىلەن سايلىنىدۇ، ئادالەتنى بەرپا قىلىپ، شەرىئەتنى تۇرغۇزالىسا، خاتالىق ۋە ئېزىپ كېتىشتىن يىراق بولسا، خەلىفە بولۇپ تۇرىۋېرىدۇ، ئەگەر يولدىن چىقىپ كەتسە، ئۇنى مەنسەپتىن قالدۇرۇش ياكى ئۆلتۈرۈش ۋاجىب.

ئىككىنچىسى: خىلافەت ئەرەبلەرنىڭ مەلۇم جەمەتىگە خاس ئەمەس. دېمەك، ئۇلار باشقىلار دېگەندەك دەيدۇ: خىلافەت قۇرەيشكىلا تەۋە ئەمەس، ئەجەمسىز ئەرەبكىلا تەۋەمۇ ئەمەس، ھەممىسى ئۇنىڭدا باراۋەردۇر. ئۇلار ئەگەر خەلىفە شەرىئەتكە خىلاپلىق قىلسا، ھەقتىن بۇرۇلۇپ كەتسە، ئۇنى مەنسەپتىن قالدۇرۇش ياكى ئۆلتۈرۈش ئاسان بولۇشى ئۈچۈن، خەلىفەنىڭ قۇرەيشتىن بولماسلىقىنى ئەلا بىلىدۇ. چۈنكى، ئۇنداق بولغاندا، ئۇنىڭ قوغدايدىغان ئۇرۇق – تۇغقانلىرى، قانات ئاستىغا ئالىدىغان ئەپ جەمەتى بولمايدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، ئۇلار ئۆزلىرى ئىچىدىن ئابدۇللاھ ئىبنى ۋەھب راسىبىينى تاللاپ، ئۇنى ئۆزلىرىگە ئەمىر قىلغان ۋە ئۇنى «مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى» دەپ ئاتىغان. ئۇ قۇرەيشلىك ئەمەس ئىدى.

ئۈچىنچىسى: خاۋارىجلارنىڭ نەجداد پىرقەسىنىڭ قارىشىچە، كىشىلەر ئۆزئارا ھەققانىي بولۇشسا ئىمامنىڭ كېرىكى يوق، ئەگەر كىشىلەر «ھەققانىيەت ھەقكە ھەيدەيدىغان ئىمامسىز ئىشقا ئاشمايدۇ» دەپ قاراپ ئىمام تىكلىسە، دۇرۇس بولىدۇ. ئۇلارنىڭ نەزەرىدە ئىمام تىكلەش شەرئىي جەھەتتىن ۋاجىب ئەمەس، بەلكى جائىزدۇر. ئەگەر ۋاجىب بولىدىغان ئىش بولسا، پەقەتلا مەنپەئەت ۋە ھاجەت تۈپەيلى ۋاجىب بولىدۇ.

تۆتىنچى: خاۋارىجلار گۇناھ ئۆتكۈزگەنلەرنى «كافىر» دەپ قارايدۇ، بىر گۇناھ بىلەن يەنە بىر گۇناھنى ئايرىمايدۇ، بەلكى ئۇلارنىڭ نەزەرىدىكى توغرا بىر ئىشقا قارشى كەلسە، كۆزقاراشتىكى خاتالىقنىمۇ گۇناھ دەپ سانايدۇ. شۇ جەھەتتىن، ئۇلار ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ھەكەم تەيىنلەش سەۋەبلىك «كافىر» دەپ قارىغان. ۋەھالەنكى ئۇ ھەكەم تەيىنلەشكە ئىختىيارىي قوشۇلمىغان. ئۇنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قوشۇلغان دېسەكمۇ، ئەگەر ھەكەم تەيىنلەش خاتا ئىش بولسا، ئۇنىڭ قىلغىنى ئىجتىھادىي خاتالىق بولۇشتىن ھالقىپ كەتمەيدۇ. دېمەك، ئۇلارنىڭ ئەلىنى كافىرغا چىقىرىشتىكى كاجلىقى ئۇلارنىڭ «ئىجتىھادىي خاتالىقنى دىندىن چىقىرىۋېتىدۇ» دەپ قارايدىغانلىقىنىڭ دەلىلىدۇر. ئىجتىھاد قىلىپ مەلۇم جۇزئىي بىر مەسىلىدە خاۋارىجلارغا قارشى يول تۇتقان تەلھە، زۇبەير ۋە باشقا يۇقىرى تەبىقىلىك ساھابەلەرنىڭ ئەھۋالىمۇ ئۇلارنىڭ نەزەرىدە شۇنداق بولغان.

[95] بۇ پرىنسىپ ئۇلارنىڭ ئومۇمىي مۇسۇلمانلارغا قارشى چىقىشىغا ۋە ئۆزلىرىگە قارشى پىكىردە بولغانلارنى مۇشرىك دەپ ھېسابلىشىغا ئېلىپ بارغان ھەم شۇ سەۋەبلىك ھاكىملارنىڭ ئۇيقۇسىنى قاچۇرغان. شۇ ۋەجدىن، ئۇلار سۆزلىرىگە ھۆججەت قىلغان دەلىللەرنى بايان قىلىشىمىز كېرەك بولدى. بۇ دەلىللەرنى ئىبنى ئەبۇلھەدىد «شەرھۇ نەھجىل بەلاغە (شرح نهج البلاغة)» ناملىق كىتابىدا كەلتۈرگەن. ئۇ كەلتۈرگەن دەلىللەر كۆپ بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ قانچىلىك تەپەككۇر قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

ئۇلارنىڭ دەلىللىرىدىن بىرى ئاللاھنىڭ تۆۋەندىكى سۆزىدۇر: ﴿وَلِلَّهِ عَلَى ٱلنَّاسِ حِجُّ ٱلۡبَيۡتِ مَنِ ٱسۡتَطَاعَ إِلَيۡهِ سَبِيلٗاۚ وَمَن كَفَرَ فَإِنَّ ٱللَّهَ غَنِيٌّ عَنِ ٱلۡعَٰلَمِينَ / قادىر بولالىغان كىشىلەرنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن كەبىنى زىيارەت قىلىشى ئۇلارغا پەرز قىلىندى. كىمكى كافىر بولىدىكەن (يەنى ھەجنى تەرك ئېتىدىكەن، زىيىنى ئۆزىگە)، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئەھلى جاھاندىن (يەنى ئۇلارنىڭ ئىبادىتىدىن) بىھاجەتتۇر﴾(3/«ئال ئىمران»: 97). دېمەك، ھەجنى تەرك ئەتكۈچى كافىرغا چىقىرىلدى. چۈنكى، ھەجنى تەرك ئېتىش گۇناھ، ھەرقانداق گۇناھ ئۆتكۈزگۈچى كافىردۇر.

يەنە بىرسى: ﴿وَمَن لَّمۡ يَحۡكُم بِمَآ أَنزَلَ ٱللَّهُ فَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡكَٰفِرُونَ / كىملەركى ئاللاھ نازىل قىلغان ئايەتلەر بويىچە ھۆكۈم قىلمايدىكەن، ئۇلار كافىرلاردۇر﴾(5/«مائىدە»: 44). گۇناھ ئۆتكۈزگەنلەرنىڭ ھەرقاندىقى ئۆزىگە ئاللاھ نازىل قىلغان ئايەتلەرنىڭ غەيرى بىلەن ھۆكۈم قىلغان بولىدۇ، نەتىجىدە كافىر بولىدۇ. بۇنىڭدەك نەسلەرنى ئاللاھ تائالا بىرنەچچە ئايەتتە تەكرار كەلتۈرگەن.

يەنە بىرسى: ﴿يَوۡمَ تَبۡيَضُّ وُجُوهٞ وَتَسۡوَدُّ وُجُوهٞۚ فَأَمَّا ٱلَّذِينَ ٱسۡوَدَّتۡ وُجُوهُهُمۡ أَكَفَرۡتُم بَعۡدَ إِيمَٰنِكُمۡ فَذُوقُواْ ٱلۡعَذَابَ بِمَا كُنتُمۡ تَكۡفُرُونَ / شۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) بەزى يۈزلەر (يەنى مۇئمىنلەرنىڭ يۈزلىرى) ئاقىرىدۇ؛ بەزى يۈزلەر (يەنى كافىرلارنىڭ يۈزلىرى) قارىيىدۇ. يۈزى قارايغانلارغا (پەرىشتىلەر ئېيتىدۇكى) «ئىمان ئېيتقىنىڭلاردىن كېيىن كافىر بولدۇڭلارمۇ؟ كافىر بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئازابنى تېتىڭلار»﴾(3/«ئال ئىمران»: 106). ئۇلار ئېيتقانكى: «پاسىقنىڭ يۈزى ئاقىرىدىغان كىشىلەردىن بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، شۇڭا ئۇنىڭ يۈزى قارىيىدىغانلاردىن بولۇشى لازىم ۋە كافىر دەپ ئاتىلىشى لازىم».

يەنە بىرسى: ﴿وُجُوهٞ يَوۡمَئِذٖ مُّسۡفِرَةٞ ٣٨ ضَاحِكَةٞ مُّسۡتَبۡشِرَةٞ ٣٩ وَوُجُوهٞ يَوۡمَئِذٍ عَلَيۡهَا غَبَرَةٞ ٤٠ تَرۡهَقُهَا قَتَرَةٌ ٤١ أُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡكَفَرَةُ ٱلۡفَجَرَةُ ٤٢ / ئۇ كۈنلەردە نۇرغۇن يۈزلەردىن نۇر، كۈلكە ۋە خۇشاللىق يېغىپ تۇرىدۇ. يەنە بۇ كۈندە نۇرغۇن يۈزلەرنى چاڭ – توزان بېسىپ كەتكەن، قارىداپ كەتكەن بولىدۇ. بۇلار بولسا كافىرلاردۇر، فاجىرلاردۇر﴾(80/«ئەبەسە»: 38 – 42). پاسىقنىڭ يۈزىدە چاڭ – توزان بولىدۇ، شۇڭا پاسىقمۇ كافىرلاردىن بولۇشى لازىم.

يەنە بىرسى: ﴿وَلَٰكِنَّ ٱلظَّٰلِمِينَ بِـَٔايَٰتِ ٱللَّهِ يَجۡحَدُونَ / لېكىن، زالىملار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىدۇ﴾(6/«ئەنئام»: 33). بۇ ئارقىلىق زۇلۇمنىڭ كۇفۇر ۋە ئىنكار ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى. شەكسىزكى، گۇناھ ئۆتكۈزگۈچى زالىمدۇر(7).

بۇ دەلىللەرنىڭ ھەممىسىدە ئۇلار نەسلەرنىڭ يۈزەكى مەنىسىگىلا ئېسىلىۋالغان. ئۇنىڭ كۆپىنچىسى مەككە مۇشرىكلىرى ھەققىدىكى بايانلار ئىدى. چۈنكى، يۇقىرىدىكىلەر ئۇلارنىڭ سۈپەتلىرىدۇر. ھەج ئايىتىدىكى كۇفۇرلۇق ھەج قىلمىغان ئادەمنىڭ سۈپىتى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭدىكى كۇفۇرلۇق ھەجنىڭ پەرزلىكىنى ئىنكار قىلغان كىشىنىڭ سۈپىتىدۇر.

[96] ئۇلار سۆزلەرنىڭ يۈزەكى مەنىسىگىلا ئېسىلىۋالىدىغان بولغاچقا، ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئۇلار بىلەن بۇ توغرۇلۇق مۇنازىرىلەشكەندە، ئايەت – ھەدىس بىلەن مۇنازىرىلەشمىگەنلىكىنى كۆرىمىز. چۈنكى، ئۇلار ئايەت – ھەدىسنىڭ پەقەت يۈزەكى مەنىسىنىلا تۇتۇۋالىدۇ. ھەزرىتى ئەلى ئۇلار بىلەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىش – پائالىيىتىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ مۇنازىرىلەشكەنىدى. تۆۋەندىكىسى ئۇنىڭ ئۇلارغا خىتاب قىلىپ دېگەن سۆزىدۇر:

«سىلەر مېنى ‹خاتالاشتىڭ، ئازدىڭ› دەپ دەۋا قىلساڭلارمۇ، نېمە ئۈچۈن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بارلىق ئۈممىتىنى ئازغۇنغا چىقىرىسىلەر؟ نېمە ئۈچۈن ئۇلارنى مېنىڭ خاتالىقىم سەۋەبلىك ئەيىبلەيسىلەر؟ نېمە ئۈچۈن ئۇلارنى مېنىڭ گۇناھىم سەۋەبلىك كافىرغا چىقىرىسىلەر؟ سىلەر قىلىچ كۆتۈرۈپ، ساق – كېسەل ھەممە ئادەمنى ئۆلتۈرۈۋاتىسىلەر، گۇناھكار بىلەن بىگۇناھنى ئارىلاشتۇرۇپ قويۇۋاتىسىلەر. سىلەرمۇ بىلىسىلەركى، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئايالى بار تۇرۇپ زىنا قىلغان كىشىنى چالما – كېسەك قىلغان، ئاندىن ئۇنىڭغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلىگەن، ئاندىن ئۇنىڭ مال – مۈلكىگە ئۇنىڭ ئەھلىنى ۋارىس قىلغان؛ قاتىلنىمۇ ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ مال – مۈلكىگە ئۇنىڭ ئەھلىنى ۋارىس قىلغان. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئوغرىنىڭ قولىنى كەسكەن، ئايالى يوق زىناخورغا دەررە ئۇرغان، ئاندىن ئوغرىغىمۇ، زىناخورغىمۇ ئولجا – غەنىيمەتلەردىن بۆلۈپ بەرگەن. ئۇ ئىككىسى مۇسۇلمان ئاياللارغا نىكاھلانغان. دېمەك، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارنى گۇناھلىرىغا تۇشلۇق جازالىدى، ئۇلارغا ئاللاھنىڭ ھەققىنى (يەنى جازاسىنى) ئىجرا قىلدى، ئۇلارنى ئىسلامدىكى ئۈلۈشلىرىدىن چەكلىمىدى ۋە ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى ئىسلام ئەھلى قاتارىدىن چىقىرىۋەتمىدى».

بۇ قىممەتلىك سۆزلەردە ئۇلارغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بارلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. نەتىجىدە، ئۇلار ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرىلىشەلمىگەن. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەقىقەتەن ئايەت – ھەدىسنى ھۆججەت قىلىشنىڭ ئورنىغا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىش – ھەرىكەتلىرىنى ھۆججەت قىلدى. چۈنكى، ئىش – ھەرىكەت ئىزاھات قوبۇل قىلمايدۇ، ئۇ پەقەت ئۆز پېتى چۈشىنىلىدۇ. شۇڭا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىش – پائالىيەتلىرىدە ئۇلارنىڭ يۈزەكى قاراشلىرى ۋە تەپەككۇرلىرىغا ئورۇن يوقتۇركى، ئۇلارنىڭ تەپەككۇرى پەقەت مەلۇم بىر تەرەپكىلا يېتىدىغان، پەقەت قىسمەن يۆنىلىشكىلا يۈزلىنىدىغان تەپەككۇردۇر. ئادەم سۆز – ئىبارە ۋە ئۇسلۇبلارنى چۈشىنىشتە بىر تەرەپلىمىلىك قىلغاندا، نىشان – مەقسەتتىن يىراقلىشىدۇ. تولۇق بىر پۈتۈن نەزەر سالغاندا، توغرىغا يېتەلەيدۇ ۋە ھەقنى ھەر تەرىپىدىن چۈشىنەلەيدۇ.

خاۋارىجلارنىڭ ئۆزئارا ئىختىلاپى

[97] يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتكەنلىرىمىز ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىتتىپاقلاشقان پرىنسىپلارنىڭ ئومۇمىدۇر، بۇنىڭدىن باشقىسىدا ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىتتىپاقلىشالمىغان. بەلكى ئۇلار كىچىككىنە ئىشلار ئۈچۈنمۇ ئىختىلاپلىشىدىغان ئىختىلاپچى كىشىلەر ئىدى. ئۇرۇشلاردا ئۇلار قۇدرەتلىك بولسىمۇ، كۆپ مەغلۇب بولۇشىنىڭ سەۋەبى مۇشۇ بولسا كېرەك.

ئۇمەۋىيلەر تەرىپىدىن خاۋارىجلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىشقا تەيىنلەنگەن قوماندان مۇھەللەب ئىبنى ئەبۇ سۇفرە ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپنى ئۇلارنى پارچىلاش ۋە شەۋكىتىنى سۇندۇرۇشنىڭ ۋاسىتىسى قىلغانىدى. مۇھەللەب ئۇلارنىڭ ئىختىلاپلاشقانلىقىنى كۆرمەي قالسا، ئۇلارغا ئارىلىرىدا ئىختىلاپ تېرىيدىغان ئادەملەرنى ئەۋەتەتتى.

ئىبنى ئەبۇلھەدىدنىڭ ھېكايە قىلىشىچە، «ئەزرەقىيلەر — خاۋارىجلارنىڭ چوڭ بىر تائىپىسى — دىن بولغان بىر تۆمۈرچى زەھەرلىك ئوق ئۇچلىرىنى ياسايتتى ۋە بۇ ئۇچلار مۇھەللەبنىڭ ئادەملىرىگە ئېتىلغانىدى. بۇ خەبەر مۇھەللەبكە يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ئۇ: ‹ئاللاھ خاھلىسا، ئۆزۈم ئەدىپىنى بېرىمەن› دەپ ئادەملىرىدىن بىرى ئارقىلىق خاۋارىجلارنىڭ قوماندانى ۋە ئەمىرى قەتەرىي  ئىبنى فۇجائەنىڭ لەشكەرلىرىگە بىر خەت ۋە مىڭ دىرھەم پۇل ئەۋەتتى ۋە ئۆزىنىڭ ئادىمىگە:

— دىرھەم بىلەن بۇ خەتنى ئۇلارنىڭ بارىگاھىغا تاشلاپ قوي، ئۆزۈڭگە ھېزى بول، — دېدى. شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى كىشى يولغا چىقتى، ھالبۇكى خەتتە: ‹مەقسەتكە كەلسەك، ياسىغان ئۇچلىرىڭنى كۆردۈم، ساڭا مىڭ دىنار يوللىدىم، ئۇنى ئېلىپ بىزگە تېخىمۇ كۆپ ئۇچ ياساپ بەرگىن› دېگەن مەزمۇنلار بار ئىدى. خەت قەتەرىيگە ئېلىپ كېلىنگەندىن كېيىن، ئۇ تۆمۈرچىنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭغا:

— بۇ نېمە خەت؟ — دېدى. تۆمۈرچى:

—بىلمەيمەن، — دېدى. ئۇ يەنە:

— بۇ دىرھەملەر كىمدىن كەلدى؟ — دېدى. تۆمۈرچى:

— بىلمەيمەن، — دېگەندىن كېيىن، قەتەرىي ئۇنى ئۆلۈمگە بۇيرۇدى ۋە ئۆلتۈرۈلدى. ئاندىن ئىبنى قەيس ئىبنى سەئلەبەنىڭ ئازادگەردىسى ئابدۇرەببىھ سەغىر كېلىپ، ئۇنىڭغا:

— سەن بىر جاننى پاكىتسىز ئۆلتۈردۈڭ! — دېدى، قەتەرىي:

— مىڭ دىرھەمگە نېمە دەيسەن؟ — دېۋىدى، ئۇ:

— مىڭ دىرھەمنىڭ ئىشى يالغان بولۇشىمۇ ياكى راست بولۇشىمۇ مۇمكىن، — دېدى. قەتەرىي:

— كىشىلەرنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن بىرەر ئادەمنى ئۆلتۈرۈش يامان ئىش ئەمەس، ئىمامنىڭ ئۆزىنىڭ توغرا دەپ قارىغىنى بويىچە ھۆكۈم قىلىش ھوقۇقى بار، پۇقرالارنىڭ ئۇنىڭغا ئېتىراز بىلدۈرۈش ھوقۇقى يوق، — دېدى. گەرچە بۇ كىشى ئۆزىنىڭ تەرەپدارلىرى بىلەن بىرگە قەتەرىيگە قارشى پوزىتسىيە بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كەتمىدى.

بۇ ئىختىلاپ مۇھەللەب ئىبنى ئەبۇ سۇفرەنىڭ قۇلىقىغا يەتكەندىن كېيىن، ئۇ ئىختىلاپنى تېخىمۇ يىلتىز تارتقۇزۇش ۋە ئوتنى تېخىمۇ ئۇلغايتىشنى پىلانلاپ، بىر ناسارا ئادەمنى خېلى كۆپ ئىش ھەققى بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىغا مەخپىي كىرگۈزدى ۋە ئۇنىڭغا:

— قەتەرىينى كۆرسەڭ، ئۇنىڭغا سەجدە قىل، ئەگەر ئۇ سېنى توسۇپ قالسا: ‹مەن پەقەت ساڭىلا سەجدە قىلدىم› دېگىن، — دېدى. ئاندىن ھېلىقى ناسارا شۇنداق قىلىۋېدى، قەتەرىي:

— سەجدە دېگەن پەقەت ئاللاھقىلا خاستۇر، — دېدى. ناسارا:

— مەن پەقەت ساڭىلا سەجدە قىلدىم، — دېدى. شۇنىڭ بىلەن خاۋارىجلاردىن بىرى:

— ئۇ ئاللاھنى قويۇپ ساڭا ئىبادەت قىلدى، — دەپ، ئاللاھ تائالانىڭ ﴿إِنَّكُمۡ وَمَا تَعۡبُدُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ حَصَبُ جَهَنَّمَ أَنتُمۡ لَهَا وَٰرِدُونَ / ھەقىقەتەن سىلەر ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلغان نەرسەڭلار بىلەن جەھەننەمگە يېقىلغۇ بولىسىلەر، سىلەر جەھەننەمگە كىرىسىلەر﴾(21/«ئەنبىياﺋ»: 98) دېگەن ئايىتىنى ئوقۇدى. قەتەرىي:

— ناسارالارمۇ مەريەم ئوغلى ئىيساغا ئىبادەت قىلغان، بۇنىڭ ئىيساغا ھېچقانداق زىيىنى يوق، — دېيىشىگە، خاۋارىجلاردىن بىرى ھېلىقى ناسارانىڭ قېشىغا بېرىپلا ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. قەتەرىي ئۇنىڭ قىلغىنىنى ئەيىبلىۋېدى، بىر تۈركۈم خاۋارىجلار قەتەرىينى ئەيىبلىدى.

بۇ ئىختىلاپنىڭ خەۋىرىمۇ مۇھەللەبكە يەتتى. ئۇ ئىشنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈشنى ئويلاپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىغا سوئال تاشلاشقا بىر كىشىنى ئەۋەتتى. ئۇ كېلىپ، ئۇلارغا:

— دەپ بېقىڭلارچۇ! ئىككى كىشى بار ئىكەن، ئۇلار سىلەرنىڭ قېشىڭلارغا ھىجرەت قىلىپ چىقىپتۇ، بىرى يولدا ئۆلۈپ كېتىپتۇ، يەنە بىرى سىلەرنىڭ قېشىڭلارغا كېلىپتۇ، سىلەر ئۇنىڭدىن ئىمتىھان ئېلىپسىلەر، ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەپتۇ، سىلەر ئۇلار ھەققىدە نېمە دەيسىلەر؟ — دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ بەزىسى:

— يولدا ئۆلۈپ كەتكىنى جەننەت ئەھلىدىن، ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگىنى بولسا، ئىمتىھاندىن ئۆتمىگىچە كافىردۇر، — دېسە، يەنە بەزىسى:

— ئىككىلىسى كافىردۇر، — دېدى. نەتىجىدە، ئىختىلاپ كۆپىيىپ ئېغىرلىشىپ كەتتى. ئۇلار تازا ئىختىلاپلىشىپ تۇرغان ھالەتتە، قەتەرىي ئىستەخر چېگرىسىغا يۈرۈش قىلىپ، شۇ يەردە بىر ئاي تۇردى»(8).

بۇ كاتتا قومانداننىڭ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىختىلاپ تېرىش ئۈچۈن قانداق تاكتىكىلارنى ئىشلىتىپ، نىشانىغا يەتكەنلىكىگە، ئاندىن كېيىن قاتتىق ئىختىلاپ ئۇلارنى پارچىلىۋەتكەن ۋە ئۆز ئىچىلىرىدىن بۆلۈنۈپ تۇرغان ھالەتتە، قوشۇنى بىلەن ئۇلارغا ھۇجۇم قىلغانلىقىغا قاراڭ. شۈبھىسىزكى، بۇ ئىختىلاپ ئۇلارنىڭ ئۆزئارا مۇنازىرىلىرىدىمۇ، باشقىلار بىلەن قىلغان مۇنازىرىلىرىدىمۇ كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئوقۇرمەنگە ئۇلارنىڭ مۇنازىرىلىرى ۋە ھەر خىل مەزھەبلىرىنى بايان قىلىش مەجبۇرىيىتىمىز بار.

ئۇلارنىڭ مۇنازىرىلىرى

[98] خاۋارىجلار كۆپ سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەنگەن بولۇپ، ئۇ سۈپەتلەر ئۇلارنى ئۆز مەزھەبلىرى ئۈچۈن زاكونلىشىدىغان، رەقىبلىرىدىن ھۆججەت توپلايدىغان ۋە ئۆز قاراشلىرىغا بەك چىڭ ئېسىلىۋالىدىغان مۇنازىرىچى بىر قەۋم قىلىپ قويغان. ئۆزلىرىنىڭ قاراشلىرىغا ناھايىتى چىڭ ئېسىلىۋالغانلىقى نەتىجىسىدە، ئۇلارنىڭ قاراشلىرى ھەر خىل قاراشلار بىلەن سېلىشتۇرۇلۇپ كۆرۈلگەن ۋە ئىلغانغان ئومۇمىي قاراشلار بولماستىن، بەلكى بىر تەرەپلىمە، ھەق – ناھەقنى ئايرىش ئۆلچىمى يوق قاراشلار بولۇپ قالغان.

ئۇلار مۇنازىرىلىرى ۋە سۆزلىرىدە تۆۋەندىكى سۈپەتلەرگە ئىگە بولغان:

1) ئۇلار پاساھەت ۋە تىل راۋانلىقى، تەسىرلىك بايان ئۇسۇللىرىغا ماھىرلىقى بىلەن سۈپەتلەنگەن. ئۇلارنىڭ يۈرىكى توم ئىدىكى، رەقىبلىرىنىڭ ئالدىدا تەمتىرەپ قالمايتتى ۋە گەپتە تۇتۇلۇپ قالمايتتى. رىۋايەت قىلىنىشىچە، «(خەلىفە) ئابدۇلمەلىك ئىبنى مەرۋاننىڭ ئالدىغا ئۇلارنىڭ بىر ئادىمى كەلتۈرۈلدى (ئابدۇلمەلىك ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى بولدى)، ئابدۇلمەلىك ئۇنىڭدىكى ئىلىم ۋە پەمنى، زېرەكلىك ۋە ئۆتكۈرلۈكنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن ئۆز مەزھەبىدىن قايتىشنى تەلەپ قىلدى. ئابدۇلمەلىك ئۇنىڭ دىققەت بىلەن ئويلىنىپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن مەزھەبىدىن قايتىشنى تېخىمۇ بەكرەك تەلەپ قىلدى. ئۇ كىشى:

— بىر قېتىم دېگەندىن كېيىن ئىككىنچى قېتىم دېيشىڭنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى، سەن گېپىڭنى دېدىڭ، مەن قۇلاق سالدىم. ئەمدى مەن گەپ قىلاي، سەن قۇلاق سال، — دېدى. ئابدۇلمەلىك:

— دېگىنە گېپىڭنى، — دېۋىدى، ئۇ ئابدۇلمەلىككە خاۋارىجلارنىڭ قاراشلىرىنى كېڭەيتىپ چۈشەندۈرۈپ، ئۆز مەزھەبىنى راۋان تىل، روشەن بايان ۋە يېقىن مەنىلەر بىلەن زىننەتلەپ كۆرسىتىشكە باشلىدى. ئابدۇلمەلىك ئېيتىدۇ: ‹ئۇ مېنى گويا جەننەت ئۇلار ئۈچۈن يارىتىلغاندەك، بىر سەپتە تۇرۇپ جىھاد قىلىشقا ئۇلار لايىقتەك ھېسسىياتقا كەلتۈرۈۋەتتى، بىر ھازادىن كېيىن، ئاللاھ قەلبىمگە مەھكەم ئورۇنلاشتۇرغان ھۆججەت ۋە ھەقكە قايتىۋېلىپ، ئۇنىڭغا: «دۇنيا ۋە ئاخىرەت ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ ماڭا بۇ دۇنيادا سەلتەنەت بەردى ۋە بىزنى كۈچ – قۇدرەتكە ئىگە قىلدى» دېدىم›. ئۇ ئىككىسى شۇنداق گەپلىشىپ تۇرغىنىدا، ئۇشتۇمتۇت ئابدۇلمەلىكنىڭ بىر ئوغلى ئۇنىڭ قېشىغا يىغلاپ كىردى. ئابدۇلمەلىك بالىسىغا كۆڭلى يېرىم بولۇپ تۇرسا، ھېلىقى خاۋارىج كىشى ئۇنىڭغا قاراپ:

— قويىۋەت يىغلاۋەرسۇن! يىغلاش ئۇنىڭ جاۋغىيىنى كەڭ، مېڭىسىنى ساغلام، ئاۋازىنى پەس قىلىدۇ، رەببىگە ئىبادەت قىلىپ ئىبادەتتە ياش ئاققۇزۇش كېرەك بولغاندا، كۆزدىن ياشنىڭ قۇيۇلۇشىغا پايدىسى بار، — دېدى. ئابدۇلمەلىك:

— ئۆلۈم ئالدىدا تۇرۇپمۇ مۇشۇنداق گەپ قىلىپ يۈرەمسەن؟ — دېۋىدى، ئۇ:

— مۇئمىننى ھېچنەرسە ھەق گەپنى دېيىشتىن توسالمايدۇ، — دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئابدۇلمەلىك ئۇنى سولاپ قويۇشقا بۇيرۇدى ۋە ئۆزرە ئېيتقان ھالدا:

— سەن گەپلىرىڭ بىلەن پۇقرالىرىمنىڭ كۆپىنى بۇزۇۋەتمىگەن بولساڭ، سېنى سولاپ قويمايتتىم… شۈكۈر، ئاللاھ مېنى ساقلاپ قالدى، ئەمما مېنى شەكلەندۈرۈپ قويالىغان ئادەمنىڭ مەندىن باشقىلارنى ئېزىقتۇرالىشى يىراق ئەمەس، — دېدى»(9).

2) ئۇلار پاساھەتلىك بولۇش بىلەن بىللە، كىتاب ۋە سۈننەت ئىلمى، ھەدىس فىقھىسى ۋە ئەرەبلەرنىڭ ئىش – ئىزلىرىنى جۇشقۇن روھ بىلەن كۆڭۈل قويۇپ ئۆگىنەتتى. رىۋايەت قىلىنىشىچە، «ئەزرەقىيلەرنىڭ بېشى ناﻓﯩﺌ ئىبنى ئەزرەق ھەزرىتى ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباسنى ئىزدەپ كېلىپ، ئۇنىڭدىن سوئال سورايتتى. بىر قېتىم ئۇنىڭدىن ئاللاھنىڭ: ﴿وَٱلَّيۡلِ وَمَا وَسَقَ﴾(84/«ئىنشىقاق»: 17) دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى ھەققىدە سورىۋىدى، ئىبنى ئابباس: ‹وَمَا جَمَعَ› دەپ جاۋاب بەردى. ئۇ:

— بۇ خىل مەنىسى بارلىقىنى ئەرەبلەر بىلەمدۇ؟ — دېۋىدى، ئىبنى ئابباس مۇنداق دېدى:

— ھەئە، بىلىدۇ، سەن شائىرنىڭ مۇنۇ شېئىرىنى ئاڭلىمىغانمىدىڭ:

إنَّ لَنا قَلائِصًا حَقائِقا    مُسْتَوْسِقاتٍ لَوْ يَجِدْنَ سائِقا(10)

يەنە بىر قېتىم ئۇنىڭدىن مۇنداق سوئال سورايدۇ:

— ئېيتساڭچۇ! ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى سۇلايمان ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھ شۇنچىۋالا مال – دۇنيا ۋە پادىشاھلىق بەرسە، نېمىشقا كىچىككىنە بىر ھۆپۈپكە كۆڭۈل بۆلۈپ قالغان؟ ئىبنى ئابباس:

— چۈنكى سۇلايمان سۇغا موھتاج ئىدى، ھالبۇكى ھۆپۈپكە نىسبەتەن زېمىن خۇددى شىشىدەك بولۇپ، زېمىننىڭ تېشىدىن ئىچىنى كۆرەلەيتتى، — دېدى. ئىبنى ئەزرەق:

— توختا! ھۆپۈپ قانداقمۇ زېمىننىڭ ئىچىنى كۆرەلەيدۇ؟ بىر بارماق قېلىنلىقتىكى توپا بىلەن يوشۇرۇپ قويۇلغان قىسماقنى كۆرەلمەي، ئۇنىڭغا چۈشۈپ قالىدىغان تۇرسا! — دېۋىدى، ئىبنى ئابباس:

— ۋاي ھالىڭغا ئەي ئىبنى ئەزرەق! بىلمەمسەن، تەقدىر ئالدىدا كۆزلەر پەردىلىنىپ قالىدۇ، — دېدى».

دېمەك، ئۇلار «قۇرئان» ۋە سۈننەت ئىلىملىرىنى ئىلىم ئەھلىدىن بىلىشكە ئۇرۇناتتى، لېكىن نەزەرلىرى بىر تەرەپلىمە بولغاچقا، ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلىنالمايتتى.

3) ئۇلار بەس – مۇنازىرە قىلىشنى، شېئىر ئېيتىشىشنى ۋە ئەرەبلەرنىڭ نەسرلىرىنى ياخشى كۆرەتتى. ھەتتا ئۇلار ئۇرۇش قىلىۋاتقان چاغلاردىمۇ رەقىبلىرى بىلەن دېيىشىپ قوياتتى. ئىبنى ئەبۇلھەدىد «ئەلئەغانىي (الأَغَانِيْ)»دىن مۇنداق نەقىل قىلغان: «خاۋارىجلار مۇھەللەب بىلەن قەتەرىي ئىبنى فۇجائە ئارىسىدىكى ئۇرۇشتا ئۆزئارا توختىشىپ، خاتىرجەم ھالدا دىن ئىشى ۋە باشقا ئىشلار توغرۇلۇق سوئال سورىشاتتى. بىر كۈنى خاۋارىجلاردىن ئۇبەيدە ئىبنى ھىلال ئەليەشكۇرىي بىلەن ئەھلىسۈننەت قوشۇنىدىن بولغان ئەبۇ ھىرابە ئەتتەمىمىي ئۇرۇشتىن توختىشىپ سوئال سوراشتى. ئۇبەيدە:

— ئەي ئەبۇ ھىرابە! مەن سەندىن بىرنەچچە ئىش ھەققىدە سوئال سورايمەن، ماڭا راستچىللىق بىلەن جاۋاب بېرەلەمسەن؟ — دېدى. ئەبۇ ھىرابە:

— بولىدۇ، مەنمۇ ساڭا ئوخشاش سەندىن بىرنەچچە سوئال سورايمەن، سەنمۇ راستچىللىق بىلەن جاۋاب بېرىشكە كاپالەت بېرەلەمسەن؟ — دېدى. ئۇبەيدە:

— بولىدۇ، — دېدى ۋە:

— خاھلىغنىڭنى سورا، — دېدى. ئۇبەيدە:

— ئىماملىرىڭلار (خەلىفەلىرىڭلار) ھەققىدە قانداق قارايسىلەر؟ — دېۋىدى، ئۇ:

— ئۇلار ناھەق قان تۆكۈۋاتىدۇ، — دېدى. ئۇبەيدە:

— ئۇلارنىڭ پۇل – مال ھەققىدىكى ئىشلىرى قانداق؟ — دېۋىدى، ئۇ:

— ھارامدىن تېپىپ، نالايىق يوللارغا خەجلەيدۇ، — دېدى. ئۇبەيدە:

— ئۇلار يېتىمگە قانداق مۇئامىلە قىلىدۇ؟ — دېۋىدى، ئۇ:

— يېتىمگە زۇلۇم قىلىدۇ، ھەققىنى بەرمەيدۇ، — دېدى. ئۇبەيدە:

— ۋاي ساڭا! ئى ئەبۇ ھىرابە! مۇشۇنداقلارغىمۇ ئەگىشەمسەن؟ — دېدى».

بىز بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ كۆزقاراش ۋە پىكىرلەردە رىقابەتلىشىش ئۈچۈن، ئۇرۇشۇۋاتقان تەرەپ بىلەن ئۇرۇشنى توختاتقۇدەك دەرىجىدە مۇنازىرە ۋە مۇھاكىمە مۇھەببىتىنىڭ ئۇلارنى تىزگىنلىۋالغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.

4) ئۇلارنىڭ مۇنازىرىسىگە مۇتەئەسسىبلىك ھۆكۈم سۈرەتتى. شۇڭا، ئۇلار رەقىبلىرىگە تەسلىم بولمايتتى، قانچىلىك ھەقكە يېقىن پىكىر بولسۇن ياكى ئوپئوچۇق توغرا پىكىر بولسۇن، ھېچقاندىقىغا قايىل بولمايتتى، بەلكى رەقىبلىرىنىڭ ھۆججىتى كۈچلۈك بولۇپ قالسا، ئۇلار ئۆز قارىشىدا تېخىمۇ چىڭ تۇرۇۋالاتتى ۋە ئۆز قارىشىنى قوللايدىغان يول ئىزدەيتتى. بۇنداق بولۇشىنىڭ سەۋەبى ئۇلارنىڭ پىكىر – ئىدىيەلىرى ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىنى ئىگىلىۋالغان، مەزھەبلىرى ئۇلارنىڭ قەلب قاتلاملىرىغا چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەن ۋە ئۇلارنىڭ تەپەككۇر يوللىرى ۋە ئەقىل – ئىدراكىنى بېسىۋالغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇلار سەھرالىق تەبىئىتىنى چىقىرىپ، بەس – مۇنازىرىدە قاتتىق تالاش – تارتىش قىلاتتى.

ئەنە شۇ ئۇلارنىڭ بىر پىكىردىلا تۇرۇۋېلىپ، باشقا پىكىرلەرنى قوبۇل قىلماسلىقىنىڭ سەۋەبىدۇر.

ئۇلارنىڭ ئۆز مەزھەبىگە ياردەم بېرىشتىكى قاتتىق قىزغىنلىقى ئۇلارنى بەزىدە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ نامىدىن يالغان سۆزلەشكە ئېلىپ بارغان، ھەتتا خاۋارىجلىقىدىن تەۋبە قىلغان بىر خاۋارىج ئادەم ئالىملارنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسلىرىنى ياخشى تەكشۈرۈشكە چاقىرىق قىلغان. چۈنكى، خاۋارىجلار دەلىل تاپالمىسا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ نامىدىن گەپ توقۇيتتى.

5) دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئۇلار «قۇرئان»نىڭ يۈزەكى مەنىلىرىگە ئېسىلىۋالاتتى، ئاشۇ يۈزەكى مەنىدىن مەقسەت – مەزمۇنغا ئۆتمەيتتى. ئۇلار كاللىسىغا تېز كەلگەن ئۇقۇمدىلا تۇرۇۋېلىپ، ئۇنىڭدىن قىل چاغلىقمۇ يۆتكەلمەيتتى.

ئۇلار ئۆز ئىچىدىكى بىرەرىگە چاپلانغان تۆھمەتنى رەت قىلىشتىمۇ ھېچ ئىزدەنمەستىنلا «قۇرئان»نىڭ يۈزەكى مەنىسىنى ئىشلىتەتتى. رىۋايەت قىلىنىشىچە: «بىز يۇقىرىدا ئەبۇ ھىرابە بىلەن مۇنازىرىلەشكەنلىكىنى سۆزلىگەن ئۇبەيدە ئىبنى ھىلال ئەليەشكۇرىي بىر تۆمۈرچىنىڭ خوتۇنى سەۋەبلىك قارىلاندى. ئۇلار ئۇنىڭ تۆمۈرچىنىڭ ئۆيىگە بىرنەچچە قېتىم رۇخسەتسىز كىرگەنلىكىنى كۆرگەنىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزلىرىگە ئەمىر قىلىپ تىكلىگەن قەتەرىي ئىبنى فۇجائەنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا ئەھۋالنى بايان قىلغاندىن كېيىن، قەتەرىي ئۇلارغا:

— ئۇبەيدە سىلەر بىلگەندەك دىيانەتلىك، سىلەر كۆرگەندەك مۇجاھىد كىشى، — دېۋىدى، ئۇلار:

— بىز ئۇنىڭ بۇزۇقچىلىق قىلىشىغا قاراپ تۇرالمايمىز، — دېدى. قەتەرىي:

— قايتىڭلار، — دېگەندىن كېيىن، ئادەم ئەۋەتىپ ئۇبەيدەنى چاقىردى. ئۇبەيدە:

— ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! سەن كۆرگەندەك ئۇلار ماڭا بوھتان قىلدى، — دېدى. قەتەرىي:

— مەن سەن بىلەن ئۇلارنى بىر يەرگە توپلايمەن، سەن گۇناھكاردەكمۇ باش ئەگمە، بىگۇناھتەكمۇ كېرىلىۋالما، — دېدى ۋە ئۇلارنى توپلىدى. باشتا ئۇلار گەپ قىلدى، ئاندىن ئۇبەيدە ئورنىدىن تۇرۇپ مۇنۇ ئايەتلەرنى ئاخىرىغىچە ئوقۇدى: بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم ﴿إِنَّ ٱلَّذِينَ جَآءُو بِٱلۡإِفۡكِ عُصۡبَةٞ مِّنكُمۡۚ لَا تَحۡسَبُوهُ شَرّٗا لَّكُمۖ بَلۡ هُوَ خَيۡرٞ لَّكُمۡۚ لِكُلِّ ٱمۡرِيٕٖ مِّنۡهُم مَّا ٱكۡتَسَبَ مِنَ ٱلۡإِثۡمِۚ وَٱلَّذِي تَوَلَّىٰ كِبۡرَهُۥ مِنۡهُمۡ لَهُۥ عَذَابٌ عَظِيمٞ / شۈبھىسىزكى، سىلەردىن بىر گۇرۇھ ئادەم (ئائىشەگە) بوھتان چاپلىدى. بۇ سىلەر ئۈچۈن يامان ئەمەستۇر، (سەۋر قىلغانلىقىڭلار بىلەن ساۋابقا ئېرىشىدىغانلىقىڭلار ئۈچۈن ۋە ئائىشە، سەفۋانلارنىڭ پاكلىقى ئاشكارا بولىدىغانلىقى ئۈچۈن) بەلكى ياخشىدۇر، بوھتان چاپلىغۇچىلاردىن كىمنىڭ قانچىلىك گۇناھى بولسا، ئۇنىڭغا شۇنچىلىك جازا بېرىلىدۇ، بوھتاننىڭ چوڭ قىسمىنى تارقاتقان ئادەم قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ﴾(24/«نۇر»: 11). ئۇلار ئايەتلەرنى ئاڭلاپ يىغلاپ كەتتى ۋە ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنى قۇچاقلىغان ھالدا:

— بىز ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگىن، — دېدى»(11).

دېمەك، ئۇ ئايەت ئوقۇش ئارقىلىق ئۇلارنى بۇ دەۋاغا قاراپ چىقىشتىن يىراقلاشتۇردى. ئەسلىدە دەۋا راست چىققان بولسا، ئۇ جازاغا تېگىشلىك بولاتتى، يالغان بولسا، ئۇلار ئۇنىڭغا بوھتان چاپلىغان بولاتتى. ئۇلار ئايەتنىڭ يۈزەكى مەنىسى ئالدىدا بۇنى ئويلىمىدى ۋە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارمىدى. نەتىجىدە، ئۇلار ئۇبەيدەنى پاكىتسىز قارىلىغاندىن كېيىن، يەنە پاكىتسىز «بىگۇناھ» دەپ ھۆكۈم چىقاردى. ئەنە شۇنداق تېز چېكىنىشنى تەقەززا قىلغۇدەك چوڭراق بىر سەۋەب يوق تۇرۇپ، ئۇلار تەتۈردىن تەتۈرگە يۆتكەلدى.

 

خاۋارىج پىرقەلىرى

[99] بىز يۇقىرىدا سۆزلىگەن پرىنسىپلار خاۋارىجلارنى ئومۇمەن جەم قىلالايتتى، لېكىن ئۇلار ئۆزئارا ئىختىلاپلىرىنىڭ كۆپلۈكى ۋە ھەربىر پىرقە ئۆزىنىڭ قارىشىدا چىڭ تۇرۇۋېلىپ، ئۆزىنىڭكىنى راست دەۋالغانلىقى سەۋەبلىك، ئوخشىمىغان مەزھەب ۋە جامائەتلەرگە بۆلۈندى، ئۇلار ئارىسىدا ئانچە – مۇنچە ئۇرۇشمۇ يۈز بەردى. ھالبۇكى ئۇلارنى ئايرىۋەتكەن ئىشلار بەزىدە جۇزئىي مەسىلىلەر ئىدى. ئۇلارنىڭ پىرقەلىرىنى بايان قىلغىنىمىزدا، ئۇلارنى بۆلۈۋەتكەن ماھىيەتلىك ۋە ماھىيەتسىز مەسىلىلەر ئايان بولىدۇ.

تۆۋەندىكىسى ئۇلارنىڭ بەزى پىرقەلىرىدۇر:

1.  ئەزرەقىيلەر

[100] ئۇلار بولسا بەنى ھەنىفە قەبىلىسىدىن بولغان ناﻓﯩﺌ ئىبنى ئەزرەقنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىدۇر. ئۇلار خاۋارىجلار ئىچىدىكى ئەڭ تەرسا، سانى ئەڭ كۆپ، ئادەملىرى ئەڭ كۈچلۈك پىرقەدۇر. ئۇلار ئىبنى زۇبەير ۋە ئۇمەۋىيلەر تەرىپىدىن تۇنجى قېتىم زەربىگە ئۇچرىغان. خاۋارىجلار نافىئنىڭ باشچىلىقىدا ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەيرنىڭ قوماندانلىرى ۋە ئۇمەۋىيلەرنىڭ قوماندانلىرى بىلەن 19 يىل ئۇرۇشقان. ناﻓﯩﺌ ئۇرۇش مەيدانىدا ئۆلتۈرۈلگەن، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ئورنىغا ناﻓﯩﺌ ئىبنى ئۇبەيدۇللاھ، ئاندىن قەتەرىي ئىبنى فۇجائە چىققان.

قەتەرىينىڭ دەۋرىدە ئۇمەۋىيلەردىن خاۋارىجلارغا ئۇرۇش ئاچقان كىشى ئۇمەۋىيلەرنىڭ ئەڭ ئۆتكۈر قوماندانى مۇھەللەب ئىبنى ئەبۇ سۇفرە ئىدى. ئۇ ئۇرۇش قوزغاشنىڭ ئالدىدا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىختىلاپ تېرىپ، ئۇلار قاتتىق مۇنازىرىگە چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇلارغا ئىختىلاپ قىلىشىپ تۇرغىنىدا ھۇجۇم قىلاتتى. شۇڭا، خاۋارىجلار بىر جەھەتتىن پىرقەلەرگە بۆلۈنۈپ ئىختىلاپلاشقانلىقتىن، يەنە بىر جەھەتتىن بۇ ئىختىلاپ ئۇلارنىڭ ئۇرۇش مەيدانىدىكى پوزىتسىيەلىرىگە تەسىر كۆرسەتكەنلىكتىن، ئۈچىنچى جەھەتتىن مۇسۇلمانلار ئۇلارغا قارشى ئۇيۇشقانلىقتىن، تۆتىنچى جەھەتتىن ئۇلار ئۆزلىرىگە مۇخالىپ بولغانلارغا قوپال مۇئامىلە قىلغانلىقتىن قەتەرىينىڭ دەۋرىدە خاۋارىجلارنىڭ كۈچى ئاجىزلاشقا باشلىغان.

ئۇلار مۇھەللەب ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن كەلگەن ئۇمەۋىي قوماندانلىرىنىڭ قولىدا ئارقىمۇئارقا مەغلۇب بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىشى ئاخىرلاشقان.

[101] ئۇلارنىڭ باشقا خاۋارىجلاردىن پەرقلىنىدىغان پرىنسىپلىرى:

1)  ئۇلار ئۆزلىرىگە مۇخالىپ بولغانلارنى مۇئمىن ئەمەس دەپلا قارىماستىن، بەلكى ئۇلارنى «مۇشرىك، دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇش ۋە ئۇلارنى ئۆلتۈرۈش ھالال» دەپ قارايدۇ.

2)  ئۆزلىرىگە مۇخالىپ بولغانلارنىڭ يۇرتى دۈشمەن يۇرتىدۇر، كافىرلار بىلەن ئۇرۇش قىلغاندىكى پۇل – ماللارنى بۇلاش، ئايال بالا – چاقىلارنى ئولجا ئېلىشتىن ئىبارەت مۇباھ بولغان ئىشلار ئۇ يەردىمۇ مۇباھ بولىدۇ. شۇنداقلا ئۇلارنى قۇل قىلىشمۇ مۇباھتۇر، ئۇرۇشقا چىقماي ئولتۇرغانلارنىمۇ ئۆلتۈرۈش مۇباھتۇر.

3)  يەنە ئۇلارنىڭ قاراشلىرىدىن بىرى شۇكى، ئۇلار ئۆزلىرىگە مۇخالىپ بولغانلارنىڭ كىچىك بالىلىرىنى دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، يەنى «ئۆزلىرىگە مۇخالىپ بولغانلارنىڭ كۇفۇرلۇقى كەلتۈرۈپ چىقارغان گۇناھ — ئۇلارنىڭ بالىلىرى گۇناھ ئۆتكۈزمىگەن بولسىمۇ — ئۇلارنىڭ بالىلىرىغا سىڭىپ كىرىدۇ» دەيدۇ. بۇ بولسا ئۇلارنىڭ پىكرىي ئازغۇنلۇقىدۇر.

4)  ئۇلارنىڭ فىقھىي قاراشلىرىدىن بىرى: ئۇلار چالما – كېسەك قىلىش ھەددىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. ئۇلار: «‹قۇرئان›دا پەقەت زىناخور ئەر ۋە زىناخور ئاياللارغا دەررە ئۇرۇش ھەددى بار، چالما – كېسەك قىلىش ‹قۇرئان›دا كەلمىگەن» دەيدۇ. ئۇلارنىڭ نەزەرىدە چالما – كېسەك قىلىش سۈننەتتىنمۇ ئىسپاتلانمىغان.

5)  ئۇلار «تۆھمەت چاپلاش ھەددى ئىپپەتلىك ئايالنى زىنا بىلەن قارىلىغان كىشىگە يۈرگۈزۈلىدۇ، ئىپپەتلىك ئەرلەرنى قارىلىغان كىشىگە يۈرگۈزۈلمەيدۇ» دەپ قارايدۇ. چۈنكى، ئۇلار ئۇشبۇ نەسنىڭ زاھىرىنى تۇتقان: ﴿وَٱلَّذِينَ يَرۡمُونَ ٱلۡمُحۡصَنَٰتِ ثُمَّ لَمۡ يَأۡتُواْ بِأَرۡبَعَةِ شُهَدَآءَ فَٱجۡلِدُوهُمۡ ثَمَٰنِينَ جَلۡدَةٗ وَلَا تَقۡبَلُواْ لَهُمۡ شَهَٰدَةً أَبَدٗاۚ وَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡفَٰسِقُونَ / ئىپپەتلىك ئاياللارنى زىنا بىلەن قارىلىغان، (بۇنىڭ راستلىقىغا ئادىل) تۆت گۇۋاھچىنى كەلتۈرەلمىگەن كىشىلەرنى 80 دەررە ئۇرۇڭلار، ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقىنى ھەرگىز قوبۇل قىلماڭلار، ئۇلار پاسىقلاردۇر﴾(24/«نۇر»: 4). ئايەتتە ئىپپەتلىك ئەرلەرنى قارىلاشنىڭ بىرەر ھەددى سۆزلەنمىگەن.

6) ئۇلار يەنە «پەيغەمبەرلەرنىڭ چوڭ ۋە كىچىك گۇناھلارنى ئۆتكۈزۈشى جائىز» دەپ قارايدۇ(12). شەكسىزكى، بۇ ئېنىقلا ئۇلارنىڭ بىر – بىرىگە زىت سۆزلىرىدىن بىرىدۇر. چۈنكى، ئۇلار چوڭ گۇناھ قىلغان كىشىنى كافىر دەپ تۇرۇپ، ئۇنى پەيغەمبەرلەرگە جائىز سانايدۇ. ئۇلارچە، پەيغەمبەر كافىر بولۇپ، ئاندىن تەۋبە قىلىۋېلىشى مۇمكىن. ئۇلار بۇنى ئاللاھنىڭ ئۇشبۇ سۆزىنىڭ زاھىرىدىن ئالغان: ﴿إِنَّا فَتَحۡنَا لَكَ فَتۡحٗا مُّبِينٗا ١ لِّيَغۡفِرَ لَكَ ٱللَّهُ مَا تَقَدَّمَ مِن ذَنۢبِكَ وَمَا تَأَخَّرَ وَيُتِمَّ نِعۡمَتَهُۥ عَلَيۡكَ وَيَهۡدِيَكَ صِرَٰطٗا مُّسۡتَقِيمٗا ٢ / ئاللاھنىڭ سېنىڭ ئىلگىرى ۋە كېيىنكى گۇناھلىرىڭنى كەچۈرۈشى ئۈچۈن، ساڭا بىز ھەقىقەتەن روشەن غەلىبە ئاتا قىلدۇق﴾(48/«فەتھ»: 1 -، 2).

2.  نەجدات

[102] ئۇلار بەنى ھەنىفە قەبىلىسىدىن بولغان نەجدە ئىبنى ئۇۋەيمىرنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىدۇر. ئۇلار خاۋارىجلار ئىچىدىكى ئۇرۇشقا قاتناشماي تۇرۇۋالغانلارنى كافىرغا چىقىرىش ۋە بالىلارنى ئۆلتۈرۈشنى ھالال ساناش مەسىلىلىرىدە ئەزرەقىيلەرگە قارشى يول تۇتقان، شۇنداقلا يەنە ئۆزلىرىگە قارشى يول تۇتقانلار بىلەن بىرگە ياشايدىغان زىممىيلارنىڭ ھۆكمىدىمۇ ئەزرەقىيلەرگە قارشى يول تۇتقان. ئەزرەقىيلەر: «زىممىيلار مۇسۇلمانلارنىڭ ئامانلىقىغا كىرگەندە، ئۇلارغا بېرىلگەن كاپالەتكە رىئايە قىلىش يۈزىسىدىن، ئۇلارنىڭ قېنى مۇباھ ئەمەس» دېسە، نەجداتلار: «ئۇلارنىڭ قوينىدا ياشايدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ قېنى مۇباھ بولغاندەك، ئۇلارنىڭ قېنىمۇ مۇباھ بولىدۇ» دەيدۇ.

نەجداتلار يەنە «خەلىفە تۇرغۇزۇش شەرىئەت جەھەتتىن ۋاجىب ئەمەس، بەلكى ئۇ مەنپەئەت نۇقتىسىدىن ۋاجىب، يەنى مۇسۇلمانلار ئۆزئارا ھەق بىلەن مۇئامىلە قىلىشالىسا، ھەقنى يۈرگۈزەلىسە، مۇسۇلمانلارنىڭ خەلىفە تۇرغۇزۇشقا ھاجىتى يوق» دەپ قارايدۇ.

نەجداتلار ئىلگىرى خاۋارىجلاردىن ھېچكىم ئېلىپ كەلمىگەن بىر پرىنسىپنى خاۋارىجلارغا ئېلىپ كەلگەن. ئۇ بولسىمۇ مادارا قىلىش پرىنسىپى. ئۇنىڭ مەنىسى «خاۋارىج كىشى قېنىنى ساقلاش ئۈچۈن ۋە تاجاۋۇزغا ئۇچراشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۆزىنى سۈننىي مەزھەبىدىكى ئادەمدەك كۆرسىتىدۇ، ئاشكارىلاشنىڭ مۇناسىپ ۋاقتى كەلگۈچە، ئەقىدىسىنى مەخپىي تۇتىدۇ» دېگەنلىكتۇر.

نەجدەنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئەسلىدە خاۋارىجلاردىن بولغان ئەبۇ تالۇت بىلەن بىللە يەمامەدە تۇراتتى، لېكىن ئۇلار ئەبۇ تالۇتنى تاشلاپ، 66 يىل نەجدەگە بەيئەت قىلغان. كېيىن نەجدە ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى زورىيىپ، بەھرەين، ھەزرەمەۋت، يەمەن ۋە تائىفنى ئىگىلىگەن.

ئۇلار ئادىتى بويىچە ئەھمىيەتسىز ئىشلاردا ئىختىلاپلىشاتتى، ئاندىن شۇ ئىختىلاپتىن كېيىنلا بۆلۈنۈپ كېتەتتى. ئۇلار ئۆزلىرىنى غەزەپلەندۈرگەن بەزى ئىشلار سەۋەبىدىن ئەمىرى نەجدە بىلەن ئىختىلاپلاشقان بولۇپ، ئۇ ئىشلارنىڭ بىرى، نەجدە بالىسىنى بىر قوشۇن بىلەن ئۇرۇشقا ئەۋەتكەن، ئۇلار ئاياللارنى ئولجا ئالغان ۋە تەقسىماتتىن بۇرۇن غەنىيمەتتىن يەۋالغان، شۇنىڭ بىلەن نەجدە ئۇلارنى جازالىغان.

يەنە بىرى، نەجدە ئۆزىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئىچىدىن چوڭ گۇناھ قىلىپ سېلىپ جازالانغانلارنى يېقىن كۆرۈپ: «ئاللاھ ئۇلارنى مەغپىرەت قىلىشى مۇمكىن، ئازابلىسىمۇ دوزاخنىڭ غەيرىدە ئازابلايدۇ، ئاندىن جەننەتكە كىرگۈزىدۇ» دېگەن. ئۇ بۇنىڭدا ئۆزىنىڭ چوڭ پرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلغانىدى. ئۇ بولسىمۇ چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزگۈچىنى كافىرغا چىقىرىش پرىنسىپىدۇر. نەجدە بۇ ئارقىلىق «گۇناھ ئۆتكۈزگەن كىشى خاۋارىجلارغا تەۋە كىشىلەردىن بولسا، ئاللاھ ئۇنى ئەپۇ قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن بۆلەكلەر بولسا، ئۇ باشقا جىنستۇر، ئاللاھ ئۇنى ئەپۇ قىلمايدۇ» دەپ قارايدىغان بولسا كېرەك.

يەنە بىر ئىش، ئۇ دېڭىزغا بىر قوشۇن، قۇرۇقلۇققا بىر قوشۇن ئەۋەتكەن؛ ئاتا – ئېھسان بەرگەندە قۇرۇقلۇققا ئەۋەتكەنلەرنى ئارتۇق كۆرگەن.

بۇ ئىشلار ھەققىدە ئىختىلاپ زورىيىپ، چىڭىغا چىققان. نەتىجىدە، بىرنەچچە تائىپە نەجدەگە قارشى چىقىپ، ئۇنىڭ ئىماملىقىنى ئىنكار قىلغان. مۇشۇ تۈپەيلى، ئۇلار ئۈچ پىرقەگە بۆلۈنگەن:

بىر پىرقە بەنى ھەنىفە قەبىلىسىلىك ئەتىييە ئىبنى ئەسۋەد بىلەن سىجىستانغا كەتكەن. ئۇلار مۇشۇ نەجدە پىرقەسىنىڭ پرىنسىپلىرىدىن توغرا دەپ قارىغان پرىنسىپلار بويىچە ماڭغان.

ئىككىنچى پىرقە نەجدەگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، ئۇنى ئۆلتۈرگەن ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا ئەبۇ فۇدەيكنى چىقارغان. بۇ پىرقە نەجدەگە مەنسۇپ پىرقەلەرنىڭ ئەڭ تەرساسىدۇر، ئۇلار ئىلگىرى نەجدە ئىگىلىگەن يەرلەرنى قولغا كىرگۈزگەن. ئۇلار مۇشۇ كۈچى بىلەن داۋاملاشقان. ئاخىرىدا، ئابدۇلمەلىك ئىبنى مەرۋان ئۇلارغا بىر قوشۇن ئەۋەتىپ، ئۇلارنى مەغلۇب قىلغان ۋە ئابدۇلمەلىككە ئەبۇ فۇدەيكنىڭ كاللىسى ئەۋەتىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ پىرقەلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلاشقان.

ئۈچىنچى پىرقە نەجدەگە سادىق بولۇپ، ئۇنىڭغا مەنسۇپ مەزھەبتە ئۇنىڭ قالدۇقى بولۇپ داۋاملاشقان. بۇ مەزھەب بىر مۇددەت كۈچسىز داۋاملاشقان، ئاخىرىدا مۇنقەرز بولۇپ، خۇددى ئەزرەقىيلەر تارىختىن يوقاپ كەتكەندەك، تارىختىن يوقاپ كەتكەن.

3.  سۇفرىيلار

[103] ئۇلار زىياد ئىبنى ئەسفەرنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىدۇر. ئۇلار قاراشلىرىدا ئەزرەقىيلەردىن ئازراق، ئۇندىن باشقىلاردىن بەكرەك ئاشقۇندۇر.

ئۇلار چوڭ گۇناھ قىلغۇچى مەسىلىسىدە ئەزرەقىيلەرگە قارشى يول تۇتقان. ئەزرەقىيلەر چوڭ گۇناھ قىلغۇچىنى «مۇشرىك» دەپ قارىغان، ئۇلار ئۇنىڭ دوزاختا مەڭگۈ قالىدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىش بىلەن كۇپايىلەنمەستىن، مۇشرىك دەپ سانىلىدىغانلىقىنى زىيادە قىلغان. بۇ سۇفرىيلار بولسا ئۇنىڭ مۇشرىك ئىكەنلىكىگە ئىتتىپاقلىشالمىغان، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى: «ھەد بەلگىلەنگەن گۇناھلار گۇناھكارنى ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنى زىناخور ياكى ئوغرى، ياكى تۆھمەتچى دەپ ئاتىشىدىن ئارتۇق بىر ئىشقا ئېلىپ بارمايدۇ، (نامازنى تەرك ئېتىشتەك) ھەد بەلگىلەنمىگەن (چوڭ) گۇناھنى سادىر قىلغان ئادەم كافىر» دەپ قارىغان. يەنە بەزىلىرى: «گۇناھكارغا ۋالىي ھەد ئىجرا قىلمىغۇچە، كافىر دەپ سانالمايدۇ» دېگەن.

ئەبۇ بىلال مىرداس سۇفرىيلاردىن بولۇپ، ئۇ ياخشى كىشى ئىدى. ئۇ يەزىد ئىبنى مۇئاۋىيەنىڭ دەۋرىدە بەسرەنىڭ بىر چېتىغا چىقىپ كەتكەن ۋە كىشىلەرگىمۇ دەخلى – تەرۇز قىلمىغان. ئۇ ئېرىشىپ قالسا، سۇلتاننىڭ مېلىدىن ئۆزىگە يەتكۈدەك ئالاتتى، ئۇرۇشنى خاھلىمايتتى. كېيىن ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى زىياد قوشۇن ئەۋەتىپ ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن.

ئىمران ئىبنى ھىتتانمۇ سۇفرىيلاردىن ئىدى. ئۇ شائىر ۋە زاھىد بولۇپ، ئۆز مەزھەبىنى قوغداش ئۈچۈن قېچىپ، ئىسلامىي رايونلارنى ئايلىنىپ چىققان. بۇ خاۋارىجلار ئەبۇ بىلالدىن كېيىن ئۇنى ئۆزلىرىگە ئىمام قىلىپ سايلىغان.

خاۋارىجلارنىڭ بۇ تائىپىسىگە باش بولغانلارنىڭ خەبەرلىرىدىن شۇنى ئايدىڭلاشتۇرىمىزكى، ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ قانلىرىنى ھالال سانىمىغان، ئۆزلىرىگە قارشى بولغانلارنىڭ يۇرتىنى دۈشمەن يۇرتى دەپ قارىمىغان، ئايال – بالىلارنى ئولجا قىلىشنىمۇ دۇرۇس سانىمىغان، ھەتتا سۇلتاننىڭ ئەسكەرلىرىدىن باشقا ھەرقانداق كىشى بىلەن ئۇرۇش قىلىشنى دۇرۇس سانىمىغان.

4.  ئەجرەدىيلەر

[104] ئۇلار ئابدۇلكەرىم ئىبنى ئەجرەدنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بولۇپ، بۇ كىشى نەجدە ئىبنى ئۇۋەيمىرگە قارشى چىقىپ، نەجداتلاردىن بىر تائىپە بىلەن سىجىستانغا كەتكەن ئەتىييە ئىبنى ئەسۋەد ھەنەفىينىڭ ئەگەشكۈچىلىرىدىن بىرى ئىدى. شۇڭا، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مېتودىدا نەجداتلارغا يېقىندۇر. چۈنكى، ئۇلار ئەسلىي نەجدات مەزھەبىدىن كېلىپ چىققان.

ئۇلارنىڭ قاراشلىرىنىڭ يىغىندىسى شۇكى، ئۇلار ئەگەر تەقۋالىق بىلەن تونۇلغان بولسا، خاۋارىجلار ئىچىدىكى ئۇرۇشقا چىقمىغانلارنى دوست تۇتىدۇ. دېمەك، ئۇلار جىھادنى داۋاملىق ۋاجىب دەپ قارايدىغان، چىقماسلىق سەۋەبى قانداقلا بولسۇن، قادىر بولالايدىغان كىشىنىڭ ئۇرۇشقا چىقماسلىقىنى راۋا كۆرمەيدىغان ئەزرەقىيلەرگە ئوخشىمايدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىگە مۇخالىپ كىشىلەرنىڭ يۇرتىدىن ھىجرەت قىلىپ چىقىپ كېتىشنى ۋاجىب دەپ قارىمايدۇ، بەلكى ئۇنى پەزىلەت دەپ قارايدۇ. ئۆزلىرىگە مۇخالىپ كىشىلەرنىڭ مال – مۈلۈكلىرىنى مۇباھ سانىمايدۇ. (ئۇلارنىڭ نەزەرىدە) مۇخالىپ بىر كىشىنىڭ مال – مۈلكى پەقەت ئۇ ئادەم ئۆلتۈرسە مۇباھ بولىدۇ، ئۇرۇش قىلمىغانلار ئۆلتۈرۈلمەيدۇ.

ئەجرەدىيلەر تەقدىرگە ۋە بەندىنىڭ قۇدرىتىگە ئالاقىدار ئىشلاردا، شۇنداقلا مۇخالىپ كىشىلەرنىڭ بالىلىرىغا ئالاقىدار ئىشلاردا كۆپ پىرقەلەرگە بۆلۈنگەن. ئۇلارنىڭ بەس – مۇنازىرىسى ئىختىلاپلىشىشقا بېرىپ يېتەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئىش جۇزئىي مەسىلىلەر ھەققىدە مۇنازىرىلىشىشتىن كۇللىي مەسىلىلەر ھەققىدە ئىختىلاپلىشىشقا بېرىپ يېتەتتى. ئاندىن ئۇلار ھەر خىل پىرقەلەرگە ئايلىناتتى.

بۇنىڭ بىر مىسالى: ئۇلاردىن شۇئەيب ئىسىملىك بىر كىشى مەيمۇن ئىسىملىك يەنە بىر كىشىگە قەرزدار ئىدى. مەيمۇن شۇئەيبتىن قەرزىنى سۈيلىۋېدى، ئۇ:

— ئۇنى ئاللاھ خاھلىسا بېرىمەن، — دېدى. مەيمۇن:

— ئاللاھ مۇشۇ سائەتتە بېرىشىڭنى خاھلىدى، — دېۋىدى، شۇئەيب:

— ئاللاھ خاھلىغان بولسا، مەن ئۇنى ساڭا بېرىشكە قادىر بولغان بولاتتىم، — دېدى. مەيمۇن:

— ئاللاھ شۇنداق قىلىشىڭغا بۇيرۇدى، ئاللاھ بۇيرۇغان ئىشنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھ خاھلىغان بولىدۇ، خاھلىمىغان ئىشقا بۇيرۇمايدۇ، — دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئىككىسى ئۆزلىرىنىڭ رەئىسى ۋە ئىمامى ئابدۇلكەرىم ئىبنى ئەجرەدكە ئادەم ئەۋەتتى. ئۇ ئۇلارغا ئېنىقسىز بىر جاۋاب بەردى. ئۇ جاۋاب بولسىمۇ: بىز پەقەت «ئاللاھنىڭ خاھلىغىنى بولىدۇ، خاھلىمىغىنى بولمايدۇ» دەيمىز، ئاللاھقا يامانلىقنى نىسبەت بەرمەيمىز.

مۇشۇ ئېنىقسىز جاۋاب تۈپەيلى، ئۇلارنىڭ ھەربىرى جاۋابنى ئۆزىنىڭ قارىشىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ دەپ دەۋا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئەجرەدىيلەر شۇئەيبىيلەر ۋە مەيمۇنىيلەر دەپ ئىككىگە بۆلۈندى.

رىۋايەت قىلىنىشىچە، سەئلەبە ئىسىملىك بىر ئەجرەدىينىڭ بىر قىزى بار ئىدى. قىزغا يەنە بىر ئەجرەدىي خېرىدار بولدى ۋە قىزنىڭ ئانىسىغا قىزنى سوراپ ئەلچى ئەۋەتتى، ئەلچىگە:

— ئەگەر قىز بالاغەتكە يەتكەن ۋە ئىسلامغا ئەجرەدىيلەر قويغان شەرت بويىچە رازى بولغان بولسا، قىزنىڭ مەھرى قانچىلىك بولسۇن پەرۋا قىلمايمەن، — دېدى. ئانا:

— قىزىم مەيلى بالاغەتكە يەتسۇن ياكى يەتمىسۇن، ۋەلىيسىگە بېقىپ مۇسۇلماندۇر، — دەپ جاۋاب بەرگەندىن كېيىن، ئەھۋال ئابدۇلكەرىمگە يەتكۈزۈلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ (بالا بالاغەتكە يېتىپ، ئىسلامغا دەۋەت قىلىنغۇچە ۋە بالا ئىسلامنى سۈپەتلەپ بېرەلىگۈچە، نىكاھ ۋە باشقا ئىشلاردا) بالىلاردىن ئادا – جۇدا بولۇشنى تاللىدى. سەئلەبە ئۇنىڭغا قارشى چىقتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ پىرقەدىن سەئلەبىيلەر ئىسىملىك يەنە بىر پىرقە پەيدا بولدى. سىياسەتكە ئالاقىسىمۇ يوق جۇزئىي بىر ئىختىلاپنىڭ ئارقىسىدا مۇشۇنداق ئىككى پىرقەگە بۆلۈنۈپ كېتىشنى ياكى ئۇلارنىڭ بىر تائىپىسىنىڭ ئايرىم يەنە بىر پىرقەگە پارچىلانغانلىقىنى كۆرىمىز.

5.  ئىبازىيلار

[105] ئۇلار ئابدۇللاھ ئىبنى ئىبازنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىدۇر. ئۇلار خاۋارىجلارنىڭ ئوتتۇراھالراقى، تەپەككۇردا ئىسلام جامائىتىگە يېقىنراقى ۋە ئاشقۇنلۇقتىن يىراقراقىدۇر. شۇڭا، ئۇلار ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان ھەمدە ئۇلارنىڭ بەلەن بىر فىقھىسىمۇ بار. ئۇلاردىن مۇنەۋۋەر ئالىملار چىققان، ئۇلارنىڭ بىر قىسىم تائىپىلىرى غەربىي سەھرايى كەبىرنىڭ بەزى باياۋانلىرى ۋە (تانزانىيەگە تەۋە) زەنجىبار دىيارىنىڭ بەزى جايلىرىدا تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ فىقھىي قاراشلىرىمۇ بار بولۇپ، (1943 – يىللىق) مىسىر قانۇنى. ئازاد قىلغانلىق ئىگىدارچىلىقى(13) بىلەن مىراسخور بولۇش ھەققىدە ئۇلارنىڭ بەزى قاراشلىرىنى ئۈلگە قىلغان. مىسىر قانۇنى مەۋلا(14)نى بارلىق ۋارىسلارنىڭ ئارقىسىدا، ھەتتا (ۋارىسلار نېسىۋىسىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىنكى ئېشىپ قالغان مىراسنى) ئەر – خوتۇننىڭ بىرىگە قايتىلاپ بېرىشنىڭمۇ ئارقىسىغا قويغان. ھالبۇكى تۆت مەزھەبنىڭ ھەممىسى ئۇنى نەسەبىي ئاسىبلار(15)نىڭ ئارقىسىغا، قۇرئاندا نېسىۋىسى بېكىتىلگەن تۇغقانلارغا قايتىلاپ بېرىشنىڭ ئالدىغا قويىدۇ.

ئىبازىي قاراشلىرىنىڭ يىغىندىسى

1) ئۆزلىرىگە مۇخالىپ بولغان مۇسۇلمانلار مۇشرىكمۇ ئەمەس، مۇئمىنمۇ ئەمەس. ئۇلار ئۇنداق مۇسۇلمانلارنى كافىر دەپ ئاتايدۇ. ئۇلارنى ئاللاھقا كافىر بولغان ئەمەس، لېكىن ئاللاھنىڭ ھەققىگە سەل قارىغانلار دەپ، ئېتىقادىي كافىرلار ئەمەس، نېئمەتكە كافىر بولغانلار (يەنى نېئمەتكە تۇزكورلۇق قىلغانلار) دەيدۇ.

2) ئۆزلىرىگە مۇخالىپ بولغانلارنىڭ قانلىرى ھارام، ئۇلارنىڭ يۇرتى ئىسلام يۇرتىدۇر، سۇلتاننىڭ ئوردىسى بۇنىڭ سىرتىدا. لېكىن، ئۇلار بۇ قارىشىنى ئاشكارىلىمايدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىگە مۇخالىپ بولغانلارنىڭ يۇرتى ۋە قانلىرىنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى كۆڭۈللىرىدە يوشۇرۇن تۇتىدۇ.

3) ئۆزلىرى بىلەن ئۇرۇشقان مۇسۇلمانلارنىڭ ئات، قوراللىرى ۋە ئۇرۇش لازىمەتلىكلىرىدىن باشقا نەرسىلىرىنى غەنىيمەت ئېلىش ھالال بولمايدۇ. ئۇلار ئالتۇن – كۈمۈشلەرنى قايتۇرۇپ بېرەتتى.

4) مۇخالىپلارنىڭ گۇۋاھلىقى، ئۇلار بىلەن قۇدىلىشىش، ئۇلار بىلەن مىراسخور بولۇشۇش دۇرۇس.

يۇقىرىقىلاردىن ئۇلارنىڭ ئوتتۇراھاللىقى، ئۆزلىرىگە مۇخالىپ بولغانلارغا ئىنساپ بىلەن مۇئامىلە قىلغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.

 

6. مۇسۇلمان ھېسابلانمايدىغان خاۋارىجلار

[106] خاۋارىج مەزھەبى دىننى چۈشىنىشتە ئاشقۇنلۇق ۋە قاتتىق قوللۇققا ئاساسلانغان. ئۇلار ياخشىلىقنى ئىرادە قىلىپ تۇرۇپ ئېزىپ كەتكەن ۋە ئۆزلىرىگىمۇ جاپا سالغان. ئۆزلىرى بىلەن تەڭ باشقىلارغىمۇ جاپا سالغان. ئىمانىدا راستچىل مۇئمىنلەر ئۇلارغا «ئازغۇن» دەپ ھۆكۈم چىقارسىمۇ، «كافىر» دەپ ھۆكۈم قىلمىغان. شۇ جەھەتتىن، رىۋايەت قىلىنىشىچە: ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەمراھلىرىغا ئۆزىدىن كېيىن خاۋارىجلار بىلەن ئۇرۇشماسلىقنى ۋەسىيەت قىلغان. چۈنكى، ھەقنى ئىزدەپ خاتالاشقان كىشى باتىلنى ئىزدەپ باتىلغا ئېرىشكەن كىشىگە ئوخشىمايدۇ(16). دېمەك، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خاۋارىجلارنى ھەقنى ئىزدەپ، ھەق يولىدىن چەتنەپ كەتكەنلەر دەپ قارايدۇ. ئۇمەۋىيلەرنى بولسا باتىلنى ئىزدەپ، باتىلغا ئېرىشكەنلەر دەپ قارايدۇ.

لېكىن، مۇشۇنداق ئاشقۇنلۇقلار يەتمىگەندەك، خاۋارىجلار ئىچىدە بىر قىسىم كىشىلەر ئىسلامغا قىلچىلىكمۇ توغرا كەلمەيدىغان مەزھەبلەرگە ئەگەشكەن. ئۇ مەزھەبلەر ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە مۇتەۋاتىر ھەدىسلەرگە زىت كېلىدۇ.

«ئەلفەرق بەينەل فىرەق (الفَرْقُ بَيْنَ الْفِرَقِ)» ناملىق كىتابتا خاۋارىجلاردىن ئىككى تائىپەنىڭ بايانى كەلگەن بولۇپ، ئۇلار ئىسلامغا قارشى چىققانلىق ھېسابلىنىدىغان پرىنسىپلارنى مەيدانغا كەلتۈرگەن. مەزكۇر ئىككى تائىپە:

1)  يەزىدىيلەر. ئۇلار يەزىد ئىبنى ئۇنەيسەنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىدۇر. ئۇ ئىبازىيلارغا تەۋە ئىدى، كېيىن ئۇ «ئاللاھ ئەجەملەردىن بىر پەيغەمبەر ئەۋەتىپ، ئۇنىڭغا مۇھەممەدنىڭ شەرىئىتىنى بىكار قىلىدىغان كىتاب چۈشۈرىدۇ» دەپ دەۋا قىلغان.

مەيمۇنىيلار. ئۇلار بىز باياتىن تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن مەيمۇن ئەجرەدىينىڭ ئەگەشكۈچىلىرىدۇر. ئۇ كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ بالىلىرىنىڭ قىزلىرىنى (يەنى بوۋىنىڭ ئۆزىنىڭ نەۋرە قىزىنى) ۋە قېرىنداش – ھەمشىرىلىرىنىڭ بالىلىرىنىڭ قىزلىرىنى نىكاھلاپ ئېلىشىغا رۇخسەت قىلغان. ئۇ بۇنىڭ سەۋەبى ھەققىدە: «قۇرئان نىكاھلىنىش ھارام قىلىنغان ئاياللار قاتارىدا ئۇلارنى تىلغا ئالمىغان» دېگەن. بۇ مەيمۇنىيلاردىن رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئۇلار سۈرە «يۈسۈف»نى ئىنكار قىلغان ۋە ئۇنى «قۇرئان» قاتارىدىن سانىمىغان. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئۇ سۈرە ئىشق – مۇھەببەت قىسسەسىمىش، شۇڭا ئۇنى ئاللاھنىڭ سۆزى دەپ ئاللاھقا نىسبەت بەرگىلى بولماسمىش. يامان ئېتىقادلىرى تۈپەيلى، ئاللاھ ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ئېھسانىدىن يىراق قىلغاي!

 

ئىسلام مەزھەبلىرى تارىخى/ تاريخ المذاهب الإسلامية؛ ئىمام مۇھەممەد ئەبۇ زەھرە؛ مۇھەممەد قاۋۇل قاراخانىي تەرجىمىسى؛ ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى


1. ھەكەم: جاڭجال ۋە دەۋادا ئىككى تەرەپنىڭ ئارىسىغا چۈشۈپ، لىللاھ ھۆكۈم قىلغۇچى، ئاجرىتىپ قويغۇچى، ئادىل ھۆكۈم قىلغۇچى. قاراڭ: خەمىت تۆمۈر، ئابدۇررەئۇپ پولات: «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، 673 – بەت.

2. باغىيلار (الْبُغَاةُ): ئەرەبچىدە «زۇلۇم قىلغۇچىلار، تاجاۋۇز قىلغۇچىلار»، شەرىئەت ئىستىلاھىدا: «بىرەر تەئۋىل بىلەن ھەق خەلىفە / دۆلەت رەئىسىنىڭ ئىتائىتىدىن چىققان، مۇسۇلمانلار ئىچىدىكى قوراللىق ئىسيانچى تائىپە»دۇر. ئاللاھ تائالا بۇلارنىڭ ھۆكمىنى (49/«ھۇجۇرات»: 9) ئايەتتە بايان قىلغان. خەلىفە ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا قارشى چىققانلارمۇ، خەلىفە ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا قارشى چىقىپ، كېيىنچە ئەھلىسۈننەت ئەقىدىسىدىن باشقىچە ئەقىدە شەكىللەندۈرگەن بىدئەتچى «خاۋارىجلار»مۇ باغىيلار جۈملىسىدىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا بەزى ئورتاقلىقلار بولسىمۇ خاۋارىجلاردا گۇناھ – مەئسىيەت بىلەن كافىرغا چىقىرىش ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ مال – مۈلكى ۋە قانلىرىنى ھالال ساناش قاتارلىق بۇزۇق ئەقىدە باردۇر. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 8/130؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «شەرئىي ئىلىملەر ئاتالغۇلىرى قامۇسى»، 341، 763 – بەتلەر؛ دوكتور مۇھەممەد رەۋۋاس قەلئەجىي: «فۇقەھائ‍ لۇغىتى قامۇسى»، 89، 179 – بەت.
3. ھېنرى دې كاستىرىس (Henry de Castries، م. 1929 – 1858): «الْإِسْلَامُ خَوَاطِرُ وَسَوَانِحُ»، فەتھىي زەغلۇل ئەرەبچە تەرجىمىسى.
4. مۇبەررىد: «ئەلكامىل فىللۇغەتى ۋەلئەدەب (الكامل في اللغة والأدب)»، 3/155، دارۇلفىكر ئەلئەرەبىي، قاهىرە، ھ. 1417/م. 1997.
5. مۇبەررىد: «ئەلكامىل فىللۇغەتى ۋەلئەدەب»، 3/156، 157.

6. مەۋالىي (الْمَوَالِي): ئەرەبچىدە «يېقىن، تۇغقان، ئىگە، ئازادگەردە، خاجە، ساھىب، ئىتتىپاقداش… دېگەندەك تۈرلۈك مەنىدىكى مەۋلا (الْمَوْلَى) نىڭ كۆپلۈكى» بولۇپ، ئىسلامىيەتتىن كېيىن ئەجەملەر بىرەركىمنىڭ قولىدا قۇللۇقتىن ئازاد قىلىنسا ياكى مۇسۇلمان بولسا، ياكى ئەرەبلەردىن بىرەر قەبىلە يەنە بىر قەبىلە بىلەن ئىتتىپاقداش بولسا، ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى «مەۋالىي» بولىدۇ. ئادەتتە ئۇمەۋىي ۋە ئابباسىيلار دەۋرىدىكى ئەرەبلەردىن بولمىغان مۇسۇلمانلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ. قاراڭ: ئەللامە مۇھەممەد ئىبنى مۇھەممەد ئەبۇ شەھبە: «الْوَسِيْطُ فِيْ عُلُوْمِ وَمُصْطَلَحِ الْحَدِيْثِ (ئەلۋەسىت فى ئۇلۇمى ۋە مۇستەلەھىلھەدىس)»، سۈننەت كۇتۇبخانىسى، 714 – بەت، قاھىرە، م. 2014؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 39/337؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ»، 1659 – بەت.
7. «شەرھۇ نەھجىل بەلاغە»دىن خۇلاسىلەپ ئېلىندى، 7/115 – 117.
8. بۇ خەبەر «شەرھۇ نەھجىل بەلاغە»، (4/196، 197) دىن ئىخچاملاپ ئېلىندى.
9. مۇبەررىد: «ئەلكامىل فىللۇغەتى ۋەلئەدەب»، 3/170، 171.
10. مەنىسى: ئەگەر ھەيدىگۈچى تېپىلىدىغان بولسا ھەقىقەتەن بىزنىڭ توپلانغان شاش بوتىلاقلىرىمىز بار. بۇ قوشاقتا «مُسْتَوْسِقاتٍ»، كەلىمەسى «مجتمِعات» مەنىسىدە كەلگەندۇر.
11. مۇبەررىد: «ئەلكامىل فىللۇغەتى ۋەلئەدەب»، 3/277، 278.
12. شەھرىستانىي: «ئەلمىلەلۇ ۋەننىھەل»، 1/115.
13. ئازاد قىلغانلىق ئىگىدارچىلىقى (الْوَلاَءُ / وَلَاءُ الْعَتَاقَةِ): بىرەر قۇلنى ئازاد قىلغانلىق سەۋەبىدىن قولغا كېلىدىغان مەنىۋى تۇغقاندارچىلىق رىشتىسىدۇر. شۇڭا، ئازاد قىلغۇچى بىلەن ئازادگەردە (ئازاد قىلىنغان قۇل) ئوتتۇرىسىدا مىراس، دىيەت قاتارلىق ئىشلاردا تۇغقاندارچىلىقتەك رىشتە بولىدۇ. مەسىلەن، ئازادگەردە ۋاپات تاپقاندا ئۇنىڭ مىراسىنى ئالىدىغان، نېسىۋىسى بېكىتىلگەن ھېچقانداق ھۆر مىراسخورى ياكى ئاسىب (مىراسخورلاردىن ئېشىپ قالغان مىراسنى ئالىدىغان، مىراس ئاشمىسا ھېچنېمە ئالمايدىغان، ئەگەر نېسىۋىسى بېكىتىلگەنلەر بولمىسا مىراسنىڭ ھەممىنى ئالىدىغان، مۇئەييەن بىر ئۈلۈشى بولمىغان مىراسخور) تۇغقىنى بولمىسا، ئۇنىڭ مىراسىنىڭ ھەممىسىگە ئازاد قىلغۇچى (ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن) ۋارىسلىق قىلىدۇ. ئەگەر ئۇمۇ بولمىسا، ئازاد قىلغۇچىنىڭ ئاسىب تۇغقانلىرى ۋارىسلىق قىلىدۇ. ئەگەر ھۆر، نېسىۋىسى بېكىتىلگەن مىراسخورى بولسا، نېسىۋىسى بېكىتىلگەنلەر نېسىۋىسىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، ئېشىپ قالغان مىراسنى ئازاد قىلغۇچى ئالىدۇ. خاتالىق بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈپ سالسا، ئازاد قىلغۇچى ئۇنىڭ ئۈچۈن دىيەتىنى تۆلەيدۇ، ئازادگەردىنىڭ نىكاھىغا ۋەلىي بولالايدۇ. ئازادگەردە بولسا ئۆزىنى ئازاد قىلغان خوجايىنىنىڭ نامىزىنى چۈشۈرەلەيدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 45/121.

14. بۇ يەردە مەقسەت قىلىنغان مەنىسى ئازاد قىلغۇچى خوجايىن. مەۋالى (الْمَوَالِيْ) ئاتالغۇسىنىڭ ئىزاھاتىغا قاراڭ.

15. ئاسىب (عَاصِبٌ): ئەرەبچىدە «كىشىنىڭ ئوغۇللىرى ۋە دادا تەرەپ تۇغقانلىرى» دېمەكتۇر. مىراس ئىلمىدە: «نېسىۋىسى بېكىتىلگەن مىراسخورلار نېسىۋىلىرىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن ئېشىپ قالغان مىراسنى ئالىدىغان، ئەگەر مىراس ئاشمىسا ھېچنېمە ئالمايدىغان، ئەگەر نېسىۋىسى بېكىتىلگەنلەر بولمىسا مىراسنىڭ ھەممىنى ئالىدىغان، مۇئەييەن بىر ئۈلۈشى بولمىغان مىراسخورلار»دۇر. بۇلار «نەسەبلىك ئاسىبلار» بولۇپ، قۇل ئازاد قىلىش جەھەتتىن ئاسىب بولغانلار «سەۋەبلىك ئاسىبلار» بولىدۇ. نەسەبلىك ئاسىبلار: «تەبىئىي ئاسىب»، «ۋاسىتىلىك ئاسىب» ۋە «قىز بىلەن ئاسىب بولىدىغانلار» دەپ ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ. كۆپلۈكى ئاسىبلار (الْعَصَبَةُ). قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 30/132؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ»، 1116 – بەت.

16. شەرىف رەزىي: «نەھجۇل بەلاغە (نهج البلاغة)»، 23 – بەت. نەشرۇل ئىسلامىي مۇئەسسەسەسى، ئىران، ھ. 1408.

Please follow and like us: