ئېتىقادىي مەزھەبلەر

ئېتىقادىي مەزھەبلەر

ئېتىقادىي مەسىلىلەر

[125] مۇھاجىرلار، ئەنسارلار ۋە ئۇلارغا ياخشىلىق بىلەن ئەگەشكەن تابىئىندىن ئىبارەت ئاۋۋالقى مۇئمىنلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەقىدىسىنى «قۇرئان كەرىم»دىن ئالاتتى، ئاللاھ تائالانىڭ زاتىغا لايىق كېلىدىغان نەرسىلەرنى ۋە لايىق كەلمەيدىغان نەرسىلەرنى «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئايەتلىرىدىن بىلەتتى. شۇڭا، ئۇلار ئارىسىدا ئەقىدە مەسىلىلىرىنىڭ ھېچبىرىدە دەتالاش بولمىغان. مەقرىزىي «ئەلمەۋائىزۇ ۋەلئىئتىبار (الْمَوَاعِظُ وَالاِعْتِبَارُ)» ناملىق كىتابىدا مۇنداق دېگەن: «بىلگىنكى، ئاللاھ تائالا ئەرەبلەردىن ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى جىمى ئىنسانلارغا ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەندە، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارغا ئاللاھ تائالانى ئاللاھ ئەزىز كىتابىدا ئۆزىنى سۈپەتلىگەن سۈپەتلەر بىلەن ۋە ئاللاھ ئۇنىڭغا ۋەھيى قىلغان سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەپ بەرگەن. سەھرالىقى بولسۇن ياكى شەھەرلىكى بولسۇن، ئەرەبلەردىن ھېچكىم ناماز، زاكات، ھەج ۋە باشقا ئاللاھ بۇيرۇغان ياكى چەكلىگەن مەسىلىلەرنى سورىغاندەك ھەمدە قىيامەت كۈنىنىڭ ئەھۋاللىرى، جەننەت ۋە دوزاخ توغرۇلۇق سورىغاندەك، ئۇ سۈپەتلەرنىڭ ھېچبىرىنىڭ مەنىسىنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن سورىغان ئەمەس. ئەگەر ئۇلاردىن بىرەر كىشى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئىلاھىي سۈپەتلەر توغرىسىدا بىرنەرسە سورىغان بولسا ئىدى، خۇددى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ھەدىس توپلاملىرى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالال – ھارام ئەھكاملىرى، تەرغىب ۋە تەرھىبلەر، قىيامەتنىڭ ئەھۋاللىرى، كەلگۈسىدىكى ئۇرۇشلار ۋە فىتنەلەر قاتارلىقلار توغرىسىدا ھەدىسلەر نەقىل قىلىنغاندەك، ئەلبەتتە ئىلاھىي سۈپەتلەر توغرىسىدا بىرنەرسە نەقىل قىلىنغان بولاتتى. ھەدىس توپلاملىرىغا چوڭقۇر نەزەر سالغان ۋە سەلەف – سالىھلەرنىڭ ئىش – ئىزلىرىدىن خەبەردار بولغان كىشى شۇنى بىلەلەيدۇكى، قاتلاملىرى ھەر خىل، سانى كۆپ تۇرۇقلۇق، سەھىھ يول ئارقىلىق بولسۇن ياكى زەئىف يول ئارقىلىق بولسۇن ساھابەلەرنىڭ ھېچبىرىدىن ئاللاھ تائالا «قۇرئان»دا ئۆزىنى سۈپەتلىگەن ياكى پەيغەمبىرىنىڭ تىلى ئارقىلىق سۈپەتلىگەن سۈپەتلەرنىڭ مەنىسى توغرۇلۇق سوئال سورىغانلىقى رىۋايەت قىلىنمىغان. بەلكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۇنىڭ مەنىسىنى چۈشەنگەن ۋە سۈپەتلەر ھەققىدە گەپ قىلىشتىن سۈكۈت قىلغان. شۇنداق، ئۇلاردىن ھېچكىم سۈپەتلەرنى زاتىي سۈپەت، پېئىلىي سۈپەت دەپ ئايرىمىغان. بەلكى ئۇلار ئاللاھنىڭ ئىلىم (بىلىش)، قۇدرەت، ھايات، ئىرادە، ئاڭلاش، كۆرۈش، سۆزلەش، ئۇلۇغلۇق، ئىكرام، سېخىيلىق، نېئمەت بېرىش، ئىززەت، بۈيۈكلۈك قاتارلىق ئەزەلىي سۈپەتلىرى بارلىقىنى تەستىقلىغان ۋە بۇ ھەقتە گەپنى ئۇزارتمىغان»(1).

[126] يۇقىرىقىسى مەقرىزىينىڭ سۆزى بولۇپ، ئۇ سۆز مۇھاجىرلار، ئەنسارلار ۋە ئۇلارغا چىن ئىمان بىلەن ئەگەشكەن تابىئىنگە تامامەن ئۇيغۇن كېلىدۇ. ئاللاھ تائالاغا تولۇق بويسۇنغان بۇ سالىھلەردىن باشقا كىشىلەرگە كەلسەك، بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، ئاشۇ مۇشرىكلەر تەقدىر مەسىلىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئالدىدا تەقدىرنى ھۆججەت قىلىۋالغان. ئۇلار فىتنە – پاسات تېرىش ئۈچۈن، بىر قىسىم سوئاللارنى ئوتتۇرىغا تاشلىغان. ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە ئۇلارنىڭ ھالىنى ھېكايە قىلىپ مۇنداق دېگەن: ﴿فَأَمَّا ٱلَّذِينَ فِي قُلُوبِهِمۡ زَيۡغٞ فَيَتَّبِعُونَ مَا تَشَٰبَهَ مِنۡهُ ٱبۡتِغَآءَ ٱلۡفِتۡنَةِ وَٱبۡتِغَآءَ تَأۡوِيلِهِۦۖ وَمَا يَعۡلَمُ تَأۡوِيلَهُۥٓ إِلَّا ٱللَّهُۗ وَٱلرَّٰسِخُونَ فِي ٱلۡعِلۡمِ يَقُولُونَ ءَامَنَّا بِهِۦ كُلّٞ مِّنۡ عِندِ رَبِّنَاۗ وَمَا يَذَّكَّرُ إِلَّآ أُوْلُواْ ٱلۡأَلۡبَٰبِ ٧ رَبَّنَا لَا تُزِغۡ قُلُوبَنَا بَعۡدَ إِذۡ هَدَيۡتَنَا وَهَبۡ لَنَا مِن لَّدُنكَ رَحۡمَةًۚ إِنَّكَ أَنتَ ٱلۡوَهَّابُ ٨ / دىللىرىدا ئەگرىلىك بار (يەنى گۇمراھلىققا مايىل) كىشىلەر فىتنە قوزغاش ۋە ئۆز رايى بويىچە مەنە بېرىش ئۈچۈن، مۇتەشابىھ ئايەتلەرگە ئەگىشىدۇ (يەنى مۇتەشابىھ ئايەتلەرنى ئۆز نەفسى خاھىشى بويىچە چۈشەندۈرىدۇ). بۇنداق ئايەتلەرنىڭ (ھەقىقىي) مەنىسىنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ. ئىلىمدە توشقانلار ئېيتىدۇ: «ئۇنىڭغا ئىشەندۇق، ھەممىسى پەرۋەردىگارىمىز تەرىپىدىن نازىل بولغان. (بۇنى) پەقەت ئەقىل ئىگىلىرىلا چۈشىنىدۇ. پەرۋەردىگارىمىز! بىزنى ھىدايەت قىلغىنىڭدىن كېيىن دىللىرىمىزنى توغرا يولدىن بۇرىۋەتمىگىن، بىزگە دەرگاھىڭدىن رەھمەت بېغىشلىغىن. شۈبھىسىزكى، سەن (بەندىلىرىڭگە ئاتالارنى) بەكمۇ بېغىشلىغۇچىسەن﴾(3/«ئال ئىمران»: 7، 8). دېمەك، شۇ چاغدا ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان مەسىلە تەقدىر مەسىلىسى ئىدى.

ئاۋۋال: تەقدىر مەسىلىسى

[127] شۇ ئاشكارىدۇركى، تەقدىر مەسىلىسى بەزىدە ئاز – تولا مۇنازىرە قوزغايدىغان مەسىلىدۇر. بۇ مەسىلە قەدىمكى دىنلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىمۇ مەشغۇل قىلغان مەسىلىدۇر. تەقدىر ھەققىدە مۇشرىكلەرمۇ دەتالاش قىلغان بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مۇشرىك بولۇپ قېلىش مەسئۇلىيىتىنى تەقدىرگە ئارتىپ قويغان. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئۇلار توغرۇلۇق ئېيتقانكى: ﴿سَيَقُولُ ٱلَّذِينَ أَشۡرَكُواْ لَوۡ شَآءَ ٱللَّهُ مَآ أَشۡرَكۡنَا وَلَآ ءَابَآؤُنَا وَلَا حَرَّمۡنَا مِن شَيۡءٖۚ كَذَٰلِكَ كَذَّبَ ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِهِمۡ حَتَّىٰ ذَاقُواْ بَأۡسَنَاۗ قُلۡ هَلۡ عِندَكُم مِّنۡ عِلۡمٖ فَتُخۡرِجُوهُ لَنَآۖ إِن تَتَّبِعُونَ إِلَّا ٱلظَّنَّ وَإِنۡ أَنتُمۡ إِلَّا تَخۡرُصُونَ / مۇشرىكلەر: «ئەگەر ئاللاھ خاھلىسا ئىدى، بىز ۋە ئاتا – بوۋىلىرىمىز شىرك كەلتۈرمەيتتۇق ۋە ھېچنەرسىنى ھارام قىلمايتتۇق» دەيدۇ. ئۇلاردىن بۇرۇنقى كىشىلەر تاكى (بىزنىڭ ئازابىمىز نازىل بولۇپ) ئازابىمىزنى تېتىغانغا قەدەر (ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى) مۇشۇنداق (يەنى مۇشرىكلەر سېنى ئىنكار قىلغاندەك) ئىنكار قىلغان ئىدى. (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «سۆزۈڭلارنىڭ راستلىقىغا پاكىتىڭلار بولسا، بىزگە چىقىرىپ كۆرسىتىڭلار، سىلەر پەقەت گۇمانغىلا ئاساسلىنىسىلەر، ئاللاھقا پەقەت يالغاننى چاپلايسىلەر»﴾(6/«ئەنئام»: 148). ئىمام ئالۇسىي بۇ ئايەتنى تەفسىرلەپ مۇنداق دەيدۇ: «مۇشرىكلەر بۇ سۆزى بىلەن قىلغان قەبىھ قىلمىشلىرىغا ئۆزرە ئېيتىشنى مەقسەت قىلمىغان. چۈنكى، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى قەبىھ ۋە ئۇلارغا زىيان ئېلىپ كەلسىمۇ، ئۇلار ‹قەبىھ ئىش قىلىۋاتىمىز› دەپ قارىمىغان، بەلكى ئايەت دېگەندەك ئۇلار ئۆزلىرىچە ‹ياخشى ئىش قىلىۋاتىمىز› دەپ ئويلىغان. ئۇلار بۇتلارنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدۇ دەپ ئويلاپ، بۇتلارغا ئىبادەت قىلغان ۋە ئۆزلىرىنىڭ بەزى نەرسىلەرنى ھارام قىلىۋېلىشىنى ئاللاھ تەرەپتىن بولدى دەپ ئويلىغان. ئۇلارنىڭ شۇ سۆزدىكى مەقسىتى: شىرك كەلتۈرۈش، ھارام قىلىۋېلىش ۋە باشقا ئىشلار ئاللاھنىڭ خاھلىشى ۋە ئىرادىسى بىلەن بولغان ئىشلاردىندۇر، ئاللاھنىڭ خاھلىشى ۋە ئىرادىسى بىلەن بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ يولغا قويغان ۋە رازى بولغان ئىشلاردىندۇر دېگەن ئاساستا، ئۆزلىرىنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ ھەق ۋە يوللۇق ئىكەنلىكىگە، ئاللاھنىڭ ئۇنىڭدىن رازى ئىكەنلىكىگە پاكىت كۆرسىتىشتۇر»(2).

بىز بۇنىڭدىن ئۇ مۇشرىكلەرنىڭ تەقدىر مەسىلىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئالدىدا تەقدىرنى ھۆججەت قىلىۋالغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.

[128] پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دەۋرىدە تەقدىر مەسىلىسىدىن باشقا فىتنەلەرمۇ پەيدا بولغان بولۇپ، ئۇ فىتنەلەرنى قەدىمكى تەلىماتلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان كىشىلەر قوزغىغانىدى. شەھرىستانىي «ئەلمىلەل ۋەننىھەل (الْمِلَلُ وَالنِّحَلُ)» ناملىق كىتابىدا دەيدۇكى: «يەنە بىر تائىپىنىڭ ھالىغا قارا، ئۇلار ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقى ھەققىدە تەپەككۇر قىلىش ۋە ئۇنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ زاتى ھەققىدە مۇنازىرىلەشتى، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇلارنى توستى ۋە ئۇلارنى مۇنۇ سۆزى بىلەن قورقۇتتى: ﴿وَيُسَبِّحُ ٱلرَّعۡدُ بِحَمۡدِهِۦ وَٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ مِنۡ خِيفَتِهِۦ وَيُرۡسِلُ ٱلصَّوَٰعِقَ فَيُصِيبُ بِهَا مَن يَشَآءُ وَهُمۡ يُجَٰدِلُونَ فِي ٱللَّهِ وَهُوَ شَدِيدُ ٱلۡمِحَالِ / گۈلدۈرماما ئاللاھنى مەدھىيەلەش بىلەن تەسبىھ ئېيتىدۇ، پەرىشتىلەرمۇ ئاللاھتىن قورقۇپ تەسبىھ ئېيتىدۇ، ئاللاھ چاقماق چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۆزى خاھلىغان ئادەمنى ھالاك قىلىدۇ. ئۇلار ئاللاھ توغرىسىدا دەتالاش قىلىشىدۇ، ئاللاھنىڭ تەدبىرى كۈچلۈكتۇر﴾(13/«رەئد»: 13). بۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زامانىدا بولغان ئىش، ھالبۇكى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قۇدرەت تاپقان، كۈچلۈك، تېنى ساغلام ئىدى. مۇناپىقلار ئالدامچىلىق قىلىپ، كۆرۈنۈشتە ئۆزىنى مۇسۇلمان كۆرسىتىپ، ئىچىدە مۇناپىقلىقىنى يوشۇراتتى. ئۇلار ھەرقاچان مۇناپىقلىقىنى ئىزھار قىلىپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەرىكەت ۋە سۇكۇناتلىرىغا ئېتىراز بىلدۈرەتتى. بۇ ئېتىرازلار ئۇرۇققا ئايلىنىپ، خۇددى زىرائەت ئۈنۈپ چىققاندەك، ئۇنىڭدىن شۈبھىلەر ئۈنۈپ چىقاتتى»(3).

قوزغاپ ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان بۇ مەسىلىلەر قانداقلا بولمىسۇن، ئەڭ كۈچلۈك مەسىلە تەقدىر مەسىلىسى ئىدى. تەقدىرگە ئىمان ئېيتىش ۋاجىب بولسىمۇ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تەقدىر مەسىلىسىگە چوڭقۇرلاپ كىرىشتىن توسقان. جىبرىلنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن سوئال سوراش ھەدىسىدە مۇنداق كەلگەن: «جىبرىل پەيغەمبىرىمىزدىن: ‹ماڭا ئىمان توغرۇلۇق خەبەر بەرگىن› دېۋىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹أَنْ تُؤْمِنَ بِاللَّهِ وَمَلاَئِكَتِهِ وَكُتُبِهِ وَرُسُلِهِ وَالْيَوْمِ الآخِرِ وَتُؤْمِنَ بِالْقَدَرِ خَيْرِهِ وَشَرِّهِ / (ئىمان دېگەن) ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە، كىتابلىرىغا، پەيغەمبەرلىرىگە ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىشىڭدۇر ھەمدە ياخشى بولسۇن، يامان بولسۇن تەقدىرگە ئىشىنىشىڭدۇر› دېگەن»(4). تەقدىرنى ئىقرار قىلىش ئاللاھقا بويسۇنۇشنىڭ بىر تۈرىدۇر، شۇنداقلا ئۇ ئاللاھنىڭ ھەممە نەرسىنى تولۇق بىلىدىغانلىقىنى، ئاللاھنىڭ ئۆز ھېكمەت تەقەززاسى بويىچە كەلگۈسىدە بولىدىغان ھەممە ئىشنى ئەزەلدە تەقدىر قىلغانلىقىنى ئىقرار قىلىشتۇر. شۇڭا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تەقدىرگە ئىمان ئېيتىشقا بۇيرۇغان، لېكىن ئۇنىڭغا ئىچكىرىلەپ كىرىشتىن توسقان. چۈنكى، تەقدىرگە ئىچكىرىلەپ كىرگەندە چۈشەنچىلەر ئېزىپ كېتىدۇ، قەدەملەر تېيىلىپ كېتىدۇ، ئەقىللەر ھەر خىل مەزھەب ۋە قاراشلار ئىچىدە گاڭگىراپ قالىدۇ. بۇ ھال بۆلۈنۈش ۋە پارچىلىنىشقا سەۋەب بولىدۇ. چۈنكى، تەقدىر توغرىسىدا مۇنازىرە قىلىش مۇنازىرە قىلغۇچىنىڭ قارشى تەرەپنى قانائەتلەندۈرۈشكە كۈچى يەتمەيدىغان، ئىختىلاپنى ئۈزۈپ تاشلاپ، تېمىنى باشقا ياققا يۆتكىگۈدەك ئەقلىي دەلىللەر ھېچكىمنىڭ قولىدا بولمىغان بىر ئىشتا مۇنازىرە قىلغانلىقتۇر.

[129] پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا سەپەر قىلىپ، مۇسۇلمانلار باشقا مىللەتلەر ۋە قەدىمكى دىنلارنىڭ مۇرىتلىرى بىلەن ئارىلاشقان چاغدا — ھالبۇكى ئۇلار ئىچىدە تەقدىر ھەققىدە گەپ قىلىدىغانلارمۇ، ئۇنى تەستىقلايدىغانلارمۇ، ئىنكار قىلىدىغانلارمۇ بار ئىدى — تەقدىر ھەققىدە مۇنازىرە باشلىنىپ، مۇنازىرە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تەقدىر مەسلىسىگە ئىچكىرىلەپ كىرمەسلىك بۇيرۇقىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان شەكىلدە بولدى. بۇ ھەقتە شۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: «ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ ئالدىغا بىر ئوغرى كەلتۈرۈلگەن. ئۇ:

— نېمىشقا ئوغرىلىق قىلدىڭ؟ — دېگەندە، ئوغرى:

— ئاللاھ ماڭا مۇشۇنى تەقدىر قىلىپتۇ، — دېگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۆمەر ئۇنىڭغا ھەد يۈرگۈزگەن، ئاندىن كېيىن ئۇنى قامچىلىغان. مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرىدىن نېمىشقا ئۇنداق قىلغانلىقى سورالغاندا، مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى:

— قولىنى كەسكەنلىكىم ئوغرىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈندۇر، قامچىلىغانلىقىم ئاللاھقا يالغان چاپلىغانلىقى ئۈچۈندۇر، — دېگەن».

بەزەن كىشىلەر «تەقدىرگە ئىمان ئېيتىش ئېھتىيات قىلىشقا زىت كېلىدۇ» دەپ ئويلاپ قالغان. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋابا كېسىلى تارقىغان بىر شەھەرگە كىرىشتىن ئۆزىنى تارتقان چاغدا، ئۇنىڭغا:

— ئاللاھنىڭ تەقدىرىدىن قاچامسەن؟ — دېيىلىۋېدى، ئۆمەر فارۇق:

— شۇنداق! ئاللاھنىڭ تەقدىرىدىن ئاللاھنىڭ تەقدىرىگە قاچىمىز، — دېگەن. دېمەك، ئۇ بۇ سۆزى بىلەن ئاللاھنىڭ تەقدىرىنىڭ ھەرقانداق ھالەتتە ئىنساننى قورشاپ تۇرىدىغانلىقى، سەۋەب قوللىنىشنىڭ چەكلەنمەيدىغانلىقىغا ئىشارە قىلغان. چۈنكى، سەۋەبنىڭ ئۆزىمۇ تەقدىردە بار. دېمەك، ئاللاھنىڭ تەكلىفاتلىرىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن، ئىشلارنىڭ مەسئۇلىيەتلىرىنى ئۈستىمىزگە ئېلىش ئۈچۈن سەۋەب قوللىنىشىمىز ۋە سەۋەب يولىدا مېڭىشىمىز ۋاجىبتۇر.

شەھىد خەلىفە ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ئۆلتۈرۈشكە قاتناشقانلارنىڭ بەزىسى ئۇنى ئۆزلىرى ئۆلتۈرمىگەنلىكى، بەلكى ئۇنى ئاللاھنىڭ ئۆلتۈرگەنلىكىنى دەۋا قىلغان. ئۇلار ئوسمانغا تاش ئاتقاندا، بەزىسى ئۇنىڭغا:

— ساڭا تاش ئېتىۋاتقىنى ئاللاھ، — دېگەن. ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ:

— يالغان ئېيتتىڭلار، ئەگەر ئاللاھ ئاتسا ئىدى، تاش مەندىن ئۆتۈپ كەتمەي تېگەتتى، — دېگەن.

بۇ گۇمانلار پەقەت باشقا دىنلارنىڭ مۇرىتلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ كۆڭۈللىرىگە تېرىغان ئازغۇنلۇقلارنىڭ بىر قىسمىدۇر.

[130] تەقدىر مەسىلىسى چىقسىلا، ئۇنىڭ چۆرىسىدىن غەۋغالار كۆتۈرۈلىدۇ. چۈنكى، تەقدىر مەسىلىسىدە ئەقىللەر قالايمىقانلىشىپ، بەس – مۇنازىرىغا كىرىپ كېتىدۇ. تەقدىر مەسىلىسىدە كىشىلەر پەلسەپەۋى يۆنىلىشلەرگە ئەگىشىپ، ئۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئەقلىي ئاچكۆزلۈكىنى قاندۇرىدۇ. لېكىن، ئۇلار باشقا كىشىلەرنى پىكرىي ۋە روھىي ئىزتىراپقا، گاڭگىراشقا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. دىن كۆڭۈللىرىگە ئورنىمىغان بەزى كىشىلەر خۇددى ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى مۇشرىكلەر ۋە بەزى مەجۇسىيلار قىلغاندەك، تەقدىردىن ئۆزلىرىنىڭ قەبىھلىكلىرىگە ئۆزرە تېپىپ ۋە ئۆزلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىقلىرىنى ئاقلاپ، ئەخلاق ۋە شەرىئەت چەكلىمىسىدىن چىقىپ كېتىش ۋە شەرىئەتنىڭ تەكلىفاتلىرىنى بىكار قىلىشقا ئوخشايدىغان يوللاردا ماڭىدۇ.

فىتنە – پاساتنىڭ دائىرىسى كېڭەيگەنچە، تەقدىر ھەققىدىكى دەتالاشمۇ شۇنچە كۈچەيگەنىدى. شۇڭا، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دەۋرىدە تەقدىر ھەققىدىكى دەتالاش ناھايىتى چىڭىغا چىققان ۋە ئۆتكۈرلەشكەن ئىدى. شەرىف رەزىينىڭ «نەھجۇلبەلاغە»دە ۋە ئىبنى ئەبۇلھەدىدنىڭ «شەرھۇ نەھجىل بەلاغە (شرح نهج البلاغة)»دە مۇنداق كەلگەن:

«بىر چال ئەلى ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ:

— ئېيتقىنا، بىزنىڭ شامغا يۈرۈشىمىز ئاللاھنىڭ قازايىقەدەرى بىلەن بولدىمۇ؟ — دېۋىدى، ئىمام ئەلى:

— داننى يارغان، جاننى ياراتقان زات بىلەن قەسەمكى، بىز بىرەر ئورۇنغا دەسسەيلى ياكى بىرەر جىلغىغا چۈشەيلى ھەممىسى ئاللاھنىڭ قازايىقەدەرى بىلەن بولىدۇ، — دېدى. چال:

— (ئۇنداقتا) مەن ئاللاھتىن (ئەجىر ئەمەس) جاپا – مۇشەققەت ئۈمىد قىلىۋېتىپتىمەن، مەن ھېچقانداق ئەجىر كۆرمەيدىكەنمەن، — دېۋىدى، ئىمام ئەلى:

— توختا ئەي چال! سىلەر يۈرۈۋاتقان چېغىڭلاردا ۋە قايتىۋاتقان چېغىڭلاردا، ئاللاھ ئەجرىڭلارنى كاتتا قىلىپ بولدى. سىلەر (ياخشىلىق قىلىڭلار ياكى يامانلىق قىلىڭلار) ھېچبىر ھالىتىڭلاردا مەجبۇرلانغۇچى ۋە زورلانغۇچى ئەمەسسىلەر (ئاللاھنىڭ سىلەرنى مەجبۇرلىغىنى يوق)» دېدى. چال:

— قانداقسىگە بىز مەجبۇرلانغۇچى ئەمەس، ھالبۇكى بىزنى قازايىقەدەر ھەيدەۋاتسا؟ — دېۋىدى، ئىمام ئەلى:

— ۋاي ساڭا! سەن قازايىقەدەرنى مەجبۇرىي كەسكىن ھۆكۈم دەپ ئويلاپ قالغان ئوخشايسەن، ناۋادا شۇنداق بولسا ئىدى (يەنى قازايىقەدەر ئىنسانغا ھېچقانداق ئىختىيارلىق بەرمەيدىغان مەجبۇرىي ھۆكۈم بولسا ئىدى)، ساۋاب ۋە ئازاب، ۋەئد ۋە ۋەئىد(5)، ئەمر ۋە نەھيى(6) باتىل بولاتتى، ئاللاھ ھېچبىر گۇناھكارغا مالامەت قىلمىغان، ياخشى ئىش قىلغۇچىنى مەدھىيىلىمىگەن بولاتتى، ياخشى ئىش قىلغۇچى مەدھىيەگە، يامان ئىش قىلغۇچى سۆكۈلۈشكە لايىق بولمىغان بولاتتى. مانا بۇ بۇتپەرەسلەرنىڭ، شەيتان قوشۇنلىرىنىڭ، يالغان گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەرنىڭ ۋە ھەقتىن كور بولغۇچىلارنىڭ گېپىدۇر. ئۇلار بۇ ئۈممەتنىڭ قەدەرىيلىرى ۋە مەجۇسىيلىرىدۇر. ئاللاھ تائالا بىر ئىشقا ئەمر قىلسا، ئىنسانغا ئىختىيارلىق بېرىپ ئەمر قىلدى، بىر ئىشتىن نەھيى قىلسا، ئىنساننى ئاگاھلاندۇرۇپ نەھيى قىلدى. بىر ئىشقا تەكلىپ قىلسا، ئاسانلاشتۇرۇپ تەكلىپ قىلدى، ئاللاھ ئاجىز بولغانلىقتىن، كىشىلەر ئۇنىڭغا ئاسىي بولغان ئەمەس. ئاللاھ مەجبۇرلىغانلىقتىن، كىشىلەر ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغان ئەمەس. ئاللاھ پەيغەمبەرلىرىنى مەخلۇقاتلىرىغا بىھۇدە ئەۋەتكەن ئەمەس. ئاللاھ ئاسمان – زېمىننى ۋە ئۇ ئىككىسى ئوتتۇرىسىدىكى نەرسىلەرنى بىكارچە ياراتقان ئەمەس. ئەنە شۇ (بىكارچە يارىتىش) كافىرلارنىڭ گۇمانىدۇر، كافىرلارغا دوزاختىن ۋاي! — دېدى. شۇنىڭ بىلەن چال:

— ئەمىسە، قازايىقەدەر نېمىدۇركى، بىز شۇنىڭ سەۋەبىدىن يول يۈردۇق؟ — دېۋىدى، ئىمام ئەلى:

— ئۇ دېگەن ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى ۋە ھۆكمىدۇر، — دېدى ۋە بۇ ئايەتنى تىلاۋەت قىلدى: ﴿وَقَضَىٰ رَبُّكَ أَلَّا تَعۡبُدُوٓاْ إِلَّآ إِيَّاهُ / پەرۋەردىگارىڭ سېنى پەقەت ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇدى﴾(17/«ئىسراﺋ»: 23). ئاخىرىدا، ھېلىقى چال خۇرسەن بولغان ھالدا ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى»(7).

يۇقىرىقىلار ئىبنى ئەبۇلھەدىد بىلەن شەرىف رەزىي ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقىل قىلغان رىۋايەت بولۇپ، ئەگەر بۇ رىۋايەت راست بولىدىغان بولسا، بۇ ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دەۋرىدە تەقدىر ھەققىدە گەپ – سۆزلەرنىڭ تارقالغانلىقىنىڭ ئىسپاتى بولىدۇكى، ئىمام ئەلى مەسىلىنى زاھىر نەسلەرگە قايتۇرۇش ئارقىلىق تەقدىرگە چوڭقۇرلاپ كىرىشتىن توسماقچى بولغان.

ئىككىنچىدىن: گۇناھى كەبىرە قىلغۇچىنىڭ مەسىلىسى

[131] ئەلى كەررەمەللاھۇ ۋەجھەھۇنىڭ دەۋرىدە تەقدىر مەسىلىسىدىن باشقا يەنە بىر مەسىلىدە دەتالاش بولغان. ئۇ بولسىمۇ گۇناھى كەبىرە(8) قىلغۇچىنىڭ مەسىلىسى. بۇ مەسىلىدىكى دەتالاشنى خاۋارىجلار ھەكەم تەيىنلەش مەسىلىسىدىن كېيىن پەيدا قىلغان. چۈنكى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قارىشى بويىچە ھەكەم تەيىنلەشنى گۇناھى كەبىرە دەپ ھېسابلاپ، ھەكەم تەيىنلەشكە رازى بولغان كىشىلەرنى كافىر دەپ ھۆكۈم قىلغان. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىر سەپتە بولغان كىشىلەرنى كافىرغا چىقارغان. بۇ ئىش «گۇناھى كەبىرە قىلغۇچى مۇئمىنمۇ ياكى مۇئمىن ئەمەسمۇ، قىيامەت كۈنى دوزاختا مەڭگۈ قالامدۇ ياكى ئاللاھنىڭ رەھمىتى ھەممىگە كەڭ بولغاندىكىن، ئاللاھنىڭ كەچۈرۈۋېتىش ئۈمىدى بارمۇ» دەپ بۇ ھەقتە مۇھاكىمە قىلىشقا سۆرەپ كىرگەن. ئۇ ھەقتىكى دەتالاش ئاۋۇپ زورىيىشقا باشلىغان، ئاخىرىدا ئالىملار ئۇ ھەقتە ئىختىلاپ قىلغان. بەزى ئالىملار بۇ مەسىلىنى مۇئتەزىلەلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلگەن مەسىلىلىرىنىڭ بېشى دەپ سانايدۇ، ھەتتا ئۇلارنىڭ «مۇئتەزىلە» دەپ ئاتىلىشىغا مۇشۇ مەسىلە سەۋەب بولغان.

[132] ئۇمەۋىيلەر دەۋرى يېتىپ كېلىپ، دەسلىپىدىلا سىياسەت ئىشلىرى قالايمىقانلاشقاندىن كېيىن، بۇ سىياسىي قالايمىقانچىلىقتا زىيىنى بۇ قالايمىقانچىلىقتىن تۆۋەن بولمىغان بىر پىكرىي دەتالاش پەيدا بولدى. سىياسىي قالايمىقانچىلىق بىلەن بۇ پىكرىي دەتالاش ئىككىسى بىر – بىرىدىن ئوزۇق ئالاتتى ۋە بىر – بىرىدىن مەدەت ئالاتتى.

پەلسەپەۋى تەپەككۇر

[133] بۇ ئەسىردە مۇسۇلمانلار پارس، گرېك ۋە رىملىقلار بىلەن ئارىلاشقانلىقتىن، مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدا پەلسەپەۋى قاراشلار تارقىلىشقا باشلىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ نەزەرىدە پەلسەپەۋى بىلىملەر چوڭ ئورۇنغا سازاۋەر ئىدى. ئىسلامدىن بۇرۇن پارس (ئىران) تا پەلسەپەۋى مەكتەپلەر بولغاندەك، ئىراقتىمۇ شۇنداق مەكتەپلەر بار ئىدى. ھارىس ئىبنى كەلدە، ئۇنىڭ ئوغلى نەزرگە ئوخشاش بەزى ئەرەبلەر بۇ مەكتەپلەردە پەلسەپە ئۆگەنگەن. بۇ رايونلارغا ئىسلام كەلگەن چاغدا ئاھالىلىرى ئىچىدە پەلسەپەۋى بىلىملەرنى پىششىق بىلىدىغانلار بار ئىدى، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى مۇسۇلمانلارغا پەلسەپەنىڭ دەسلەپكى ساۋاتلىرىنى ئۆگەتكەنىدى. بۇنىڭدا سىريانلارنىڭ كۆرۈنەرلىك رولى بار ئىدى. ئىبنى خەللىكاننىڭ رىۋايەت قىلىشىچە، خالىد ئىبنى يەزىد ئىبنى مۇئاۋىيە قۇرەيش ئىچىدە ئىلىم – پەننى ياخشى بىلىدىغان كىشى ئىدى، ئۇنىڭ خىمىيە ۋە تېبابەت ھەققىدە بەزى قاراشلىرى بار بولۇپ، ئۇ بۇ ئىككى پەننى پىششىق بىلەتتى. ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بەزى مەسىلىلىرى بار بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ بىلىمى ۋە قالتىسلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئىلىمنى مىريانۇس رۇمىي دېيىلىدىغان بىر راھىب ئادەمدىن ئۆگەنگەن. ئۇنىڭ بۇ ھەقتە ئۈچ رىسالەسى بار بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى مەزكۇر مىريانۇس بىلەن ئۆزى ئوتتۇرىسىدا بولغان ئىشلار ۋە ئۇنىڭ مىريانۇس ئىشارە قىلغان بەلگىلەرنى ئۆگىنىش جەريانلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

خىلمۇخىل بۇ پەلسەپەلەرنىڭ كىرىشى بىلەن ئەقىدە توغرىسىدا نۇرغۇن پەلسەپەۋى تەتقىقاتلار مەۋجۇد بولدى. شۇنىڭ بىلەن بەزى ئالىملار «‹قۇرئان›دا زىكىر قىلىنغان ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرى زاتنىڭ غەيرىمۇ ياكى ئۇ سۈپەتلەر بىلەن زات بىرنەرسىمۇ، سۆزلەش ئاللاھنىڭ سۈپىتىمۇ، ‹قۇرئان› مەخلۇقمۇ» دېگەندەك مەسىلىلەر ئۈستىدە دەتالاش قىلدى. ئىختىلاپ بولغان تېمىلار مۇشۇنداق كۆپەيدى، ئاندىن دەتالاش تەقدىر مەسىلىسىگە يىغىلدى ۋە «ئىنساننىڭ نېمە قىلسا قىلالايدىغان ئىختىيارلىقى بارمۇ؟ ياكى ئۇ شامال چىققاندا شامال ھەر ياققا ئۇچۇرۇپ تاشلايدىغان پەيدەك ئىختىيارسىزمۇ؟» دەپ ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە قاراپ يول ئالدى. شۇنىڭ بىلەن پىكىر – قاراشلار زەنجىرسىمان بولۇپ كەتتى، ھەر بۆلۈك ئالىملارنىڭ بىر توپ ئىلمىي كۆزقاراشلىرى بارلىققا كەلدى ۋە بۇ ئىلمىي قاراشلار ئۇلارنى ئىزدىنىش ۋە تەتقىقات ئوبيېكتى بولالايدىغان، دەتالاش پەيدا قىلالايدىغان ئىلمىي بىر مەزھەبنىڭ ئىگىلىرى قىلدى. شۇنداق قىلىپ ئېتىقادىي مەزھەبلەر شەكىللەندى.

قەدىمكى مەزھەبلەرنىڭ بۆلۈنۈشى

بىز بۇ يەردە ئىلگىرى دېگىنىمىزنى يەنە بىر تەكرارلايمىز. ئۇ بولسىمۇ ئېتىقادىي مەزھەبلەرنىڭ ئىختىلاپى ئەقىدىنىڭ جەۋھىرىدە بولمىغان، بەلكى ئېتىقادنىڭ جەۋھىرىگە تەگمەيدىغان بىر قىسىم پەلسەپەۋى مەسىلىلەردە بولغان. ئەقىدىنىڭ جەۋھىرى دېگىنىمىز ئاللاھنىڭ بارلىق – بىرلىكى، پەيغەمبەرلەرگە، ئاخىرەت كۈنىگە ۋە پەرىشتىلەرگە ئىمان ئېيتىش، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېلىپ كەلگەن نەرسىلەرنىڭ شەكسىز ھەق ئىكەنلىكى قاتارلىقلاردۇر. ئىختىلاپىي مەسىلىلەر ئىنساننىڭ ئىختىيارلىقى ۋە مەجبۇرلۇقى، گۇناھى كەبىرە قىلغۇچى ۋە ئۇنىڭ ھۆكمى، «قۇرئان»نىڭ مەخلۇق ياكى مەخلۇق ئەمەسلىكى ھەققىدىكى مەسىلىلەرنى چۆرىدەيدۇ. قەدىمكى مەزھەبلەر جەبرىيلەر، مۇئتەزىلەلەر، ئەشئەرىيلەر، ماتۇرىيدىيلەر ۋە ھەنبەلىيلەرگە بۆلۈنگەن. بىز بۇ مەزھەبلەرنىڭ ھەربىرى ھەققىدە تەپسىلىي بولمىسىمۇ ئوچۇق توختىلىمىز.

 

ئىسلام مەزھەبلىرى تارىخى/ تاريخ المذاهب الإسلامية؛ ئىمام مۇھەممەد ئەبۇ زەھرە؛ مۇھەممەد قاۋۇل قاراخانىي تەرجىمىسى؛ ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى

———————————————————————————————
1. مەقرىزىي: «ئەلمەۋائىزۇ ۋەلئىئتىبار»، 4/188، دارۇل كۇتۇبىل ئىلمىييە، بېيرۇت.
2. تەفسىرۇ ئالۇسىي / روھۇلمەئانىي، 4/ 293، 294، دارۇل كۇتۇبىل ئىلمىييە، بېيرۇت.
3. شەھرىستانىي: «ئەلمىلەلۇ ۋەننىھەل»، 11 – بەت.
4. مۇسلىم (8)؛ ئەبۇ داۋۇد (4695)؛ تىرمىزىي (2610)؛ نەسائىي (4990). ئابدۇللا ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەتى.

5.ۋەئد ۋە ۋەئىد (الْوَعْدُ وَالْوَعِيْدُ): مەزكۇر ئاتالغۇ ئەرەبچىدە: «ۋەدە، ئەھد، ئاگاھلاندۇرۇش ۋە تەھدىت» مەنىلىرىنى بىلدۈرىدۇ. ئادەتتە «ۋەئد» كۆپىنچە ياخشىلىقنى ۋەدە قىلىشقا، «ۋەئىد» يامانلىقنى ۋەدە قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ. قىيامەت كۈنىگە «ۋەئىد كۈنى» دېيىلىدۇ. ئەقىدە ئىلمى ئىستىلاھىدا: «ۋەئد: ئاللاھ سۇبھانە ۋەتائالانىڭ شىرك كەلتۈرمەي، پەرزلەرنى ئادا قىلغان بەندىلىرىگە جەننەت ۋە ساۋاب بىلەن بەرگەن بېشارىتى بولسا، ۋەئىد: ئاللاھ سۇبھانە ۋەتائالانىڭ شىرك كەلتۈرگەن ياكى پەرزلەرنى ئادا قىلماي، ئاسىيلىق قىلغان بەندىلىرىگە قىلغان تەھدىتى»دۇر. بىر – بىرىگە چېتىلىپ كېلىدىغان بۇ ئىككى ئاتالغۇ كالامشۇناسلار بولۇپمۇ مۇئتەزىلەلەر نەزەرىدە ئەقىدە ۋە ئىلمىكالامنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلىلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان. ئەھلىسۈننەت بۇ ھەقتە كەلگەن نەسلەرنى تەتقىق قىلىپ: «ئاللاھ تائالانىڭ ئاسىي بەندىنى ئەپۇ قىلىۋېتىشى جائىز، چوڭ گۇناھلارنى سادىر قىلغان تەۋھىد ئەھلى دوزاختىن چىقىرىلىپ ئۇنىڭدا مەڭگۈ قالمايدۇ. ئاللاھ تائالا ۋەئد قىلغان ئەھلى ئىمانغا ئۇلارنىڭ ھەقلىق بولۇشى بىلەن ئەمەس، ۋەئد قىلغانلىقى ئۈچۈن ساۋاب بېرىدۇ» دەپ قارىغان بولسا، مۇئتەزىلەلەر: «ئاللاھ تائالاغا ئىتائەتمەنلەرگە ساۋاب بېرىشى، چوڭ گۇناھ قىلغانلارنى تەۋبە قىلمىغان تەقدىردە دوزاختا مەڭگۈ قالدۇرۇشى ۋاجىب بولىدۇ» دەپ قارىغان ۋە بۇنى ئۆزلىرىنىڭ بەش ئاساسىنىڭ بىرى قىلغان. قاراڭ: «ئەرەب تىلى كومىتېتى»: «ئەلمۇئجەمۇل ۋەسىت»، 2/1043؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مَوْسُوْعَةُ العَقِيدَةِ الْإِسْلَامِيَّةِ (ئىسلام ئەقىدىسى ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 1171 – بەت، مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مەجلىسى، قاهىرە، م. 2010؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ»، 1783، 1784 – بەت.

6. نەھيى: مەنئى قىلىش، قايتۇرۇش، چەكلەش، مەنئى قىلىنغان، چەكلەنگەن. قاراڭ: خەمىت تۆمۈر، ئابدۇررەئۇپ پولات: «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، 649 – بەت.
7. شەرىف رەزىي: «نەھجۇل بەلاغە»، 156 – بەت؛ ئىبنى ئەبۇلھەدىد: «شەرھۇ نەھجىل بەلاغە»، 18/ 228.
8. گۇناھى كەبىرە، چوڭ گۇناھ / كەبائىر (الْكَبِيرَةُ، الْكَبَائِرُ): ئەرەبچىدە «چوڭ، زور، ئۇلۇغ ۋە بۈيۈك دېگەن مەنىلەردىكى كەبىر/ كەبىرە (الْكَبِيرُ / الْكَبِيرَةُ) كەلىمەسىنىڭ كۆپلۈكى» بولۇپ، شەرىئەتتە: «زىنا، ئوغرىلىق، ساختىپەزلىك ۋە ھاراقكەشلىكتەك دۇنيادا ئېنىق جازا بېكىتىلگەن ياكى جازانەخورلۇق، يالغان گۇۋاھلىق ۋە ئاتا – ئانىنى قاقشىتىشتەك ئاخىرەتتە جازا ۋەدە قىلىنغان ئېغىر قىلمىشلار ۋە گۇناھ – مەئسىيەتلەر»دۇر. بۇ «قۇرئان» – ھەدىسلەردە كەلگەن ئاتالغۇ بولۇپ، ئادەتتە جەھەننەم، لەنەت، غەزەب ياكى ئازاب ۋەئىد قىلىنغان ئېغىر قىلمىشلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ تۈرگە كىرىدۇ. بۇ گۇناھلارنى سادىر قىلغانلار ئىمانى بارلىقى جەھەتتىن مۇئمىن، چوڭ گۇناھ سادىر قىلغانلىق جەھەتتىن فاسىق بولىدۇ. يۇقىرىقى گۇناھلار دەرىجىسىگە يەتمىگەن قىلمىشلار «سەغائىر (الصَّغَائِرُ)» يەنى كىچىك گۇناھلار دائىرىسىگە كىرىدۇ. قاراڭ: دوكتور مۇھەممەد رەۋۋاس قەلئەجىي: «فۇقەھائ‍ لۇغىتى قامۇسى»، 344 – بەت؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ»، 1300 – ﺑﻪﺕ.

Please follow and like us: