ئىسلامدىكى سىياسىي مەزھەبلەرنىڭ خاراكتېرى (1) شىئە

ئىسلامدىكى سىياسىي مەزھەبلەرنىڭ خاراكتېرى (1) شىئە

[42] شۇنى ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەككى، سىياسىي ئىختىلاپلار ياكى سىياسىي مەزھەبلەر سىياسىي بىر يۆنىلىشكە قاراپ يۈزلىنىدىغان سىياسىي ھالىتىدە باشلانغان بولسىمۇ، لېكىن ئىسلامىي سىياسەتنىڭ خاراكتېرى دىنغا زىچ باغلىقتۇر، دىن ئۇنىڭ تۈۋرۈكىدۇر ۋە جەۋھىرىدۇر. شۇڭلاشقا، پەيدا بولغان سىياسىي مەزھەبلەرنىڭ پرىنسىپلىرى دىننى چۆرىدەيتتى، گاھىدا دىنغا يېقىنلاشسا، گاھىدا دىننىڭ ئاساسىي پرىنسىپلىرىغا زىت يەكۈنلىرى بىلەن دىندىن يىراقلىشاتتى. سىياسىي مەزھەبلەر ئۆزلىرىنىڭ يۆنىلىشلىرىدە ئىمان ۋە ئېتىقاد توغرۇلۇق ئۇسۇلۇددىنغا ئالاقىدار باشقا تەتقىقاتلارغىمۇ كىرگەن بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئېتىقاد ۋە ئىمان ھەققىدىمۇ ئايرىم قاراشلىرى بولغان.

ئۇلار ئېتىقاد تۈۋىدە توختاپ قالماستىن، فۇرۇئقىمۇ ئۆتكەن. شۇڭا، سىياسىي مەزھەبلەرنىڭ فۇرۇﺋ ھەققىدىمۇ تولۇق تەتقىقاتلىرى بولغان. چۈنكى، بىز بىر سىياسىي مەزھەبنىڭ ئېتىقاد ھەققىدە قاراشلىرى بولغاندەك، ئۇنىڭ يەنە فۇرۇﺋ ھەققىدىكى بىر فىقھىي مەزھەب ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. مۇشۇ ئەھۋال سىياسىي مەزھەبلەرنىڭ تارىخىدا ئىزلارنى قالدۇرغان بولسا كېرەك.

مەسىلەن، شىئەلەرنىڭ سىياسىي مەزھەبى بار. ئۇلارنىڭ مەزھەبى دىنغا يېقىنلىشىدۇ ياكى دىندىن يىراقلىشىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەقىدىلەرنى تەتقىق قىلىشتا ئايرىم بىر مېتودى بار. ئۇلار بۇنىڭدا بەزى ئېتىقادىي مەزھەبلەر بىلەن يېقىنلاشقان ياكى بىرلىشىپ قالغان. شۇنىڭدەك خاۋارىجلارنىڭمۇ سىياسىي كۆزقاراشلىرى بىلەن بىرگە، ئېتىقاد ۋە ئىمان توغرىسىدا كۆزقاراشلىرى بار. (سىياسىي ۋە ئېتىقادىي قاراشلاردىن ئىبارەت) بۇ ئىككى تۈرلۈك قاراشلارنىڭ ئۆزئارا تەسىرى خاۋارىجلاردەك ناھايىتى قاتتىق ۋە قوپال بىر پىرقەنى مەيدانغا چىقارغان بولسا كېرەك.

(سىياسىي ۋە ئېتىقادىي) بۇ ئىككى تۈرلۈك تەپەككۇر بىلەن بىرگە، فىقھقا مول ئىزلار قوشۇلدى. چۈنكى، بۇ سىياسىي مەزھەبلەرنىڭ ئېتىقادچىلىرىدىن پايدىلىق ياخشى بىر فىقھ قالدى. ئۇ فىقھ كۆپىنچە ھالدا تۆت مەزھەب فىقھىسىغا ۋە بارلىق شەھەرلەرنىڭ فۇقەھائلىرىنىڭ فىقھىسىغا يېقىنلىشىپ قالىدۇ. ئىسلام فىقھ مەزھەبلىرىنى تەتقىق قىلغۇچىلار پايدىلىنىپ كېلىۋاتقان شۇ قالدۇق فىقھلار قاتارىدا جەئفەر فىقھىسى، زەيد فىقھىسى بار. بىرىنچى مەزھەبنىڭ ئىمامى مۇھەممەد باقىر ئوغلى ئىمام جەئفەر سادىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادۇر. ئىككىنچى مەزھەبنىڭ ئىمامى جەئفەر سادىقنىڭ تاغىسى زەيد ئىبنى ئەلى زەينۇلئابىدىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادۇر.

خاۋارىج مەزھەبىدىن ئىبازىيە فىقھىسى خاتىرىلىنىپ قالغان. ئۇ ئىنچىكە ۋە چوڭقۇر بىر فىقھ بولۇپ، كۆپىنچە ھاللاردا تۆت مەزھەب فىقھىسىغا يېقىنلىشىپ قالىدۇ. بۇنى ئاللاھ خاھلىسا فىقھىي مەزھەبلەر ھەققىدە توختالغىنىمىزدا سۆزلەيمىز.

[43] بۇ بايانلىرىمىزدىن كېيىن ئەمدى سىياسىي مەزھەبلەر ھەققىدە توختىلىمىز. سىياسىي مەزھەبلەر تۈپ جەھەتتىن ئۈچتۇر. ئۇلار شىئە، خاۋارىج، ئەھلىسۈننەت. «ئەھلىسۈننەت» ئورنىغا «فەقىھ ۋە مۇھەددىسلەر» دېسىڭىزمۇ بولىدۇ.

 

شىئە ۋە خاۋارىج
(1) شىئە

قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇشى

[44] شىئە مەزھەبى ئىسلامدىكى سىياسىي مەزھەبلەرنىڭ ئەڭ قەدىمكىسىدۇر. بىز يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، شىئە مەزھەبى ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خىلافەتىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە پەيدا بولۇپ، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دەۋرىدە ئۆسۈپ تەرەققىي قىلغان. چۈنكى، ھەزرىتى ئەلى ھەرقاچان كىشىلەر بىلەن ئارىلاشسا، ئۇلار ئۇنىڭ تالانتلىرى، كۈچلۈك دىيانىتى ۋە ئىلمىغا بارغانچە قىزىقىپ قالاتتى. شۇنىڭ بىلەن شىئە دەۋەتچىلىرى بۇ قىزىقىشتىن پايدىلىنىپ، ھەزرىتى ئەلى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى تارقىتىشقا باشلىدى. ئۇلارنىڭ بۇ قاراشلىرىنىڭ بەزىسى ئاشقۇن، بەزىسى مۆتىدىل ئىدى.

ئۇمەۋىيلەر دەۋرىدە ئەلى ئەۋلادلىرىغا ناھەق زۇلۇملار كۈچىيىپ، ئۇلارغا كۆپ ئەزىيەت بېرىلگەندىن كېيىن، ئۇلارغا كىشىلەرنىڭ يوشۇرۇن مۇھەببەتلىرى قوزغالدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇلار جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ پەرزەنتلىرى ئىدى. شۇنداقلا كىشىلەر ئۇلار ئىچىدە زۇلۇم سەۋەبىدىن شەھىد بولۇپ كەتكەنلەرنى كۆرگەنىدى. نەتىجىدە شىئە مەزھەبىنىڭ دائىرىسى كېڭەيدى، ياردەمچىلىرى كۆپەيدى.

[45] ئىبنى خەلدۇن ئۆزىنىڭ «مۇقەددىمە»سىدە تىلغا ئالغاندەك، بۇ مەزھەبنىڭ ئاساسى مۇنداق:

«ئىماملىق — ئۈممەتكە تاپشۇرۇلىدىغان، ئىمام بولغۇچىنى ئۈممەت ئۆزى تەيىنلەيدىغان دەرىجىدىكى ئومۇمىي مەنپەئەت جۈملىسىدىن ئەمەس، بەلكى ئىماملىق دىننىڭ تۈۋرۈكىدۇر، ئىسلامنىڭ ئۇلىدۇر. ھېچبىر پەيغەمبەرنىڭ ئۇنىڭغا پەرۋاسىز قارىشى، ئۇنى ئۈممەتكە تاپشۇرۇپ قويۇشى جائىز ئەمەس، بەلكى پەيغەمبەرنىڭ ئۈممەتكە ئىمامنى تەيىنلەپ بېرىشى ۋاجىب بولىدۇ ۋە ئىمام چوڭ – كىچىك گۇناھلاردىن مەسۇم بولىدۇ»(1).

شىئەلەر بىردەك ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تەرىپىدىن تاللانغان خەلىفە، ساھابەلەرنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى دەپ قارايدۇ.

ساھابەلەر ئىچىدىمۇ ئەلىنى بارلىق ساھابەلەردىن ئەۋزەل دەپ قارايدىغانلارنىڭ بارلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ. مۆتىدىل شىئە تارىخچىسى ئىبنى ئەبۇلھەدىد(2)نىڭ زىكىر قىلىشىچە، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى بارلىق ساھابەلەردىن ئەۋزەل دەپ قارىغان ساھابەلەر ئىچىدە ئەممار ئىبنى ياسىر، مىقداد ئىبنى ئەسۋەد، ئەبۇ زەر غىفارىي، سەلمان فارسىي، جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ، ئۇبەي ئىبنى كەئب، ھۇزەيفە، بۇرەيدە، ئەبۇ ئەييۇب ئەنسارىي، سەھل ئىبنى ھۇنەيف، ئوسمان ئىبنى ھۇنەيف، ئەبۇلھەيسەم ئىبنى تىيھان، ئەبۇتتۇفەيل ئامىر ئىبنى ۋائىل، ئابباس ئىبنى ئابدۇلمۇتتەلىب ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە بارلىق ھاشىم جەمەتى ئوغۇللىرى (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) قاتارلىق زاتلار بار. ئىبنى ئەبۇلھەدىد ئېيتىدۇ: «ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەسلەپتە شۇنداق قارايدىغانلاردىن ئىدى، كېيىن قارىشىدىن يېنىۋالغان». ئىبنى ئەبۇلھەدىد يەنە سەئىد ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئوخشاش ئۇمەييە جەمەتىنىڭ بەزى ئەزالىرىنىڭمۇ مۇشۇ قاراشتا بولغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.

[46] شىئەلەر بىر خىل ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھەزرىتى ئەلىنى ۋە ئۇنىڭ بالىلىرىنى ھۆرمەتلەشتە چەكتىن ئاشۇرۇۋەتكەنلەرمۇ، ئوتتۇراھال مۆتىدىللەرمۇ بار ئىدى. مۆتىدىل بولغانلار ھېچكىمنى كافىرغا چىقارماستىن ۋە ھەزرىتى ئەلىنى ئىنسانلىقتىن ئۈستۈن مۇقەددەسلىك دەرىجىسىگە كۆتۈرمەستىن، ھەزرىتى ئەلىنى بارلىق ساھابەلەردىن ئەۋزەل دەپ قاراش بىلەنلا كۇپايىلەنگەن. ئىبنى ئەبۇلھەدىد ئۇلارنىڭ مۆتىدىللىرى توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: «بىزنىڭ ھەمراھلىرىمىز بۇ مەسىلىدە نىجات ۋە ئۇتۇق ئىگىلىرى ئىدى. چۈنكى، ئۇلار ئوتتۇراھال يولدا ماڭغان. ئۇلار مۇنداق دەيدۇ: ‹ئەلى ئاخىرەتتە مەخلۇقاتنىڭ ئەڭ ئەۋزىلىدۇر ۋە جەننەتتىمۇ مەخلۇقاتنىڭ مەرتىۋە جەھەتتىكى ئەڭ ئۈستۈنىدۇر، دۇنيادا مەخلۇقاتنىڭ ئەڭ ئەۋزىلىدۇر ۋە خۇسۇسىيەتلىرى، ئارتۇقچىلىقلىرى ۋە پەزىلەتلىرى ئەڭ كۆپىدۇر. ئەلىنى دۈشمەن تۇتقان ياكى ئۆچ كۆرگەنلەر چوقۇم ئاللاھنىڭ دۈشمىنىدۇر، ئۇنداقلار دوزاختا كافىر ۋە مۇناپىقلار بىلەن مەڭگۈ قالىدۇ. ئەمما، تەۋبە قىلغان ۋە ئەلىنى دوست تۇتۇش ۋە ياخشى كۆرۈش ئۈستىدە ئۆلگەنلەر بۇنىڭ سىرتىدا. ئەلىدىن بۇرۇن ئىماملىققا ئىگە بولغان پەزىلەتلىك مۇھاجىرلارغا كەلسەك، ئەگەر ئەلى ئۇلارغا ئۇرۇش جاكارلاش ياكى ئۆزىگە بەيئەت قىلىشقا چاقىرىش تۈگۈل، ئۇلارنىڭ ئىماملىقىنى ئىنكار قىلغان، غەزەپ قىلغان ۋە قىلمىشلىرىغا ئاچچىقلانغان بولسا ئىدى، رەسۇلۇللاھ ۋە ئۇنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتىنىڭ غەزىپىگە ئۇچرىسا ھالاك بولۇپ كەتكەندەك، بىز ئۇلارنى ھالاك بولغۇچىلاردىن دەيتتۇق. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەلىگە: ‹حَربُكَ حَربي وسِلمُكَ سِلمي / سېنىڭ ئۇرۇشۇڭ مېنىڭ ئۇرۇشۇمدۇر، سېنىڭ تىنچلىقىڭ مېنىڭ تىنچلىقىمدۇر› دېگەن(3). يەنە: ‹اللَّهُمَّ وَالِ مَنْ وَالاَهُ، وعَادِ مَنْ عَادَاهُ / ئى ئاللاھ! ئۇنى دوست تۇتقانلارنى دوست تۇتقىن، ئۇنى دۈشمەن تۇتقانلارنى دۈشمەن تۇتقىن› دېگەن(4). يەنە ئۇنىڭغا: ‹لاَ يُحِبُّكَ إِلاَّ مُؤْمِنٌ وَلاَ يَبْغَضُكَ إِلاَّ مُنَافِقٌ / سېنى پەقەت مۇئمىن ياخشى كۆرىدۇ، سېنى پەقەت مۇناپىق ئۆچ كۆرىدۇ›([%5]) دېگەن. لېكىن، قارايدىغان بولساق، ئەلى ئۇلارنىڭ ئىماملىقىغا رازى بولغان، ئۇلارغا بەيئەت بەرگەن، ئۇلارنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇغان، ئۇلار بىلەن قۇدىلاشقان ۋە ئۇلارنىڭ ئولجىلىرىدىن يېگەن. بىز ئۇنىڭ قىلغىنىدىن ھالقىساق بولمايدۇ، ئۇنىڭ مەشھۇر بولۇپ كەتكەن ئىشلىرىدىن ئاتلاپ ئۆتسەك بولمايدۇ. قارىمامسەنكى، ئۇ مۇئاۋىيەدىن ئادا – جۇدا بولىۋېدى، بىزمۇ ئۇنىڭدىن ئادا – جۇدا بولدۇق، ئۇنىڭغا لەنەت ئېيتىۋېدى، بىزمۇ ئۇنىڭغا لەنەت ئېيتتۇق. ئۇ شام ئەھلىگە ۋە ئۇلارنىڭ قاتارىدا بولغان ئەمر ئىبنى ئاس ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھتەك بىر قىسىم ساھابەلەرگە ‹ئازدى› دەپ ھۆكۈم قىلىۋېدى، بىزمۇ ئۇلارغا ‹ئازدى› دەپ ھۆكۈم قىلدۇق. خۇلاسە: بىز پەقەت ئۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئوتتۇرىسىنى پەيغەمبەرلىك مەرتىۋىسى بىلەن پەرقلەندۈردۇق، بىز ئۇنىڭغا پەيغەمبەرلىكتىن باشقا ئۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئوتتۇرىسىدا ئورتاق بولغان ئارتۇقچىلىقنىڭ ھەممىسىنى بەردۇق. بىزنىڭ نەزەرىمىزدە ئۇنىڭ ئەيىبلىگەنلىكى سەھىھ بولمىغان چوڭ ساھابەلەرنى بىزمۇ ئەيىبلىمىدۇق»(6).

شىئەلەرنىڭ پەيدا بولغان جايى ۋە زامانى

[47] يۇقىرىدا دېگىنىمىزدەك، شىئە مەزھەبى ئۈچىنچى خەلىفە ئوسماننىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە پەيدا بولغان ۋە ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دەۋرىدە ئۆسۈپ تەرەققىي قىلغان. ئەلى ئۇنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ھېچ ئىش قىلغان ئەمەس، لېكىن ئۇنىڭ تالانتلىرى ئۇلارنى ئۇنىڭغا تارتقانىدى. ئاللاھ تائالا ئۇنى ئۆز دەرگاھىغا ئېلىپ كەتكەندىن كېيىن، شىئەلىك پىكرى بىرقانچە مەزھەب بولۇپ شەكىللەندى. ئۇ مەزھەبلەرنىڭ بەزىسى ئاشقۇن، بەزىسى مۆتىدىل ئىدى. ھەر ئىككى خىل ھالەتتە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەھلى بەيتى ئۈچۈن قاتتىق مۇتەئەسسىبلىك قىلىش شىئە مەزھەبلىرىنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالغان.

ئۇمەۋىيلەر دەۋرى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى چەكتىن ئاشۇرۇپ ھۆرمەتلەشكە تۈرتكە بولغان. چۈنكى، مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆز دەۋرىدە ناچار بىر ئىشنى باشلاپ بەرگەن. ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئۇمەۋىيلەرنىڭ دەۋرىدە ئۇ ئىش تاكى ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزنىڭ دەۋرىگىچە داۋاملاشقان. ئۇ ئىش بولسا ھەر خۇتبە ئاخىرلاشقاندا ھىدايەت ئىمامى ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىبقا لەنەت ئېيتىش ئىدى. ئۇ قىلمىشنى شۇ چاغدىكى قالغان ساھابەلەر يامان ساناپ، مۇئاۋىيەنى ۋە ئۇنىڭ ۋالىيلىرىنى ئۇنىڭدىن توسقان. ھەتتا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئايالى ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئۇنى بۇ ئىشتىن توسۇپ خەت يازغان. خېتىدە مۇنداق دېگەن: «شۈبھىسىزكى، سىلەر مۇنبەرلىرىڭلار ئۈستىدە ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە لەنەت ئېيتىۋاتىسىلەر. چۈنكى، سىلەر ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىبقا ۋە ئۇنى ياخشى كۆرگەنلەرگە (يەنى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە) لەنەت ئېيتىۋاتىسىلەر. گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئۇنى ياخشى كۆرەتتى». ئۇنىڭدىن سىرت، (مۇئاۋىيەنىڭ ئوغلى) يەزىدنىڭ دەۋرىدە ھەزرىتى ھۈسەين ئىبنى ئەلى ئۆلتۈرۈلدى، ھالبۇكى ھۈسەين ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى (ھەسەن) جەننەت ئەھلىنىڭ سەردارى ئىدى. رىۋايەتلەردە دېيىلىشىچە، دىننىڭ ھۆرمىتىگىمۇ رىئايە قىلىنماستىن، ھۈسەين پاجىئەلىك ھالدا ئۆلتۈرۈلگەن ۋە خۇنى بىھۇدە ئاققان. ھۈسەيننىڭ قىزلىرى ۋە ئەلىنىڭ قىزلىرى يەزىد ئىبنى مۇئاۋىيەگە ئولجا قىلىنغان. ھالبۇكى ئۇلار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قىزىنىڭ قىزلىرى ۋە ئۇنىڭ پاك ئۇرۇق – ئەۋلادى ئىدى.

كىشىلەر بۇ ئىشلارنى كۆرگەن، لېكىن توسۇشقا، ئەھۋالنى ئۆزگەرتىشكە چامى يەتمىگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاچچىقىنى بېسىۋېلىپ، دەردىنى ئىچىگە يۇتقان ۋە دەرد – ئەلىمى كۈچىيىپ كەتكەن. نەتىجىدە ئۇلار ئۇمەۋىيلەر چەكتىن ئاشۇرۇپ ئەزىيەت بەرگەن ئەلى جەمەتىنى چەكتىن ئاشۇرۇپ ھۆرمەتلەشكە يۈزلەنگەن. ئەقلىي ۋە روھىي بېسىم دائىما مۇشۇنداق قىلىشقا ئۈندەيدۇ. چۈنكى، ھېسداشلىق ۋە ئىچ ئاغرىتىش ھۆرمەتلەشكە ۋە چوڭ بىلىشكە ئۈندەيدۇ.

[48] شىئەلەر ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دەۋرىدە تۇنجى قېتىم مىسىردا پەيدا بولغان. چۈنكى، شىئە دەۋەتچىلىرى مىسىردىن مۇنبەت يەر تېپىۋالغان، ئاندىن ئىراققا كېڭەيگەن ۋە ئىراقنى قارارگاھ قىلغان. مەدىنە، مەككە ۋە باشقا ھىجاز شەھەرلىرى سۈننەت ۋە ھەدىسنىڭ بۆشۈكى بولغان بولسا، شۇنداقلا شام ئۇمەۋىيلەرنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ بۆشۈكى بولغان بولسا، ئىراق شىئەلەرنىڭ ماكانى بولغانىدى.

ئىراق نېمە ئۈچۈن شىئەلەرنىڭ بۆشۈكى بولۇپ قالغان؟ بىرنەچچە سەۋەب بىرلىشىپ، ئىراق شۇنداق بولۇپ قالغان. ھەزرىتى ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب خەلىفەلىك دەۋرىدە ئىراقتا تۇرغان ۋە نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن ئۇچراشقان. كىشىلەر ئۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ ھۆرمىتىنى قوزغايدىغان سۈپەتلەرنى كۆرگەن. (شۇنىڭدىن كېيىن) ئۇلار ئۇمەۋىيلەرگە قەلبىدىن سادىقلىق كۆرسەتمىگەن. مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزىنىڭ خەلىفەلىكى دەۋرىدە زىياد ئىبنى ئەبىيھنى ئۇلارغا ۋالىي قىلىپ ئەۋەتكەن. زىياد قارشىلىقنى تۈگەتكەن، لېكىن شىئەلىكنىڭ يىلتىزىنى كۆڭۈللەردىن قومۇرۇپ تاشلىيالمىغان. يەزىد ئىبنى مۇئاۋىيەنىڭ دەۋرىدە زىياد كەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغلى ئۇنىڭ ۋالىيلىقىنى داۋاملاشتۇرغان. ئابدۇلمەلىك ئىبنى مەرۋاننىڭ دەۋرىدە ئىراق تاكى ئىشلار مەرۋان ئوغۇللىرىنىڭ قولىغا ئۆتكۈچە ئۇمەۋىيلەرگە قارشى چىققۇچىلارنىڭ بىرىنچى سېپىغا ئايلانغان. كېيىن ئابدۇلمەلىك ئۆز دەۋرىدە ھەججاجنى ئىراققا ۋالىي قىلغان، ئاندىن ھەججاج ئۇلارنى قاتتىق باستۇرغان. ئۇ باستۇرغانسېرى، شىئە مەزھەبى ئۇلارنىڭ قەلبلىرىدە شۇنچە كۈچىيىپ كەتكەن.

ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىراق قەدىمكى مەدەنىيەتلەرنىڭ جەمگاھىدۇر. ئۇنىڭدا پارسلارنىڭ ئىلىملىرى، كەلدانىيلەر(7)نىڭ ئىلىملىرى ۋە بۇ خەلقلەرنىڭ قالدۇق مەدەنىيەتلىرى بار ئىدى ھەمدە بۇنىڭغا گرېك پەلسەپەسى ۋە ھىندى پىكىرلىرى قوشۇلۇپ، ئىراقتىكى بۇ مەدەنىيەتلەر ۋە پىكىرلەر بىر – بىرى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن. نەتىجىدە ئىراق ئىسلامىي پىرقەلەرنىڭ كۆپىنچىسى، بولۇپمۇ پەلسەپەگە ئائىت پىرقەلەر ئۈنۈپ چىققان بىر جاي بولۇپ قالغان. شۇ جەھەتتىن، ئىراقنىڭ پىكرىي مۇھىتىغا ماسلىشىپ، شىئە مەزھەبى پەلسەپەۋى قاراشلار بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن.

ئۇنىڭدىن سىرت، ئىراق ئىلمىي تەتقىقاتلارنىڭ بۆشۈكى ئىدى، ئاھالىسى زېرەك ۋە چوڭقۇر تەپەككۇر قىلىدىغانلاردىن ئىدى. ئۇلار توغرىسىدا ئىبنى ئەبۇلھەدىد مۇنداق دېگەن:

«مېنىڭ قارىشىمچە، بۇ قەۋم بىلەن رەسۇلۇللاھ ۋە ئۇنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتىغا زامانداش بولغان ئەرەبلەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرق شۇكى، بۇلار ئىراق ۋە كۇفە ئاھالىلىرىدۇر. ئىراقنىڭ تەبىئىتى نەفس – خاھىش ئىگىلىرىنىمۇ، ھەيران قالارلىق ئېقىملار ۋە قالتىس مەزھەبلەرنىمۇ يېتىشتۈرۈپ كەلگەن. ئىراقلىقلار كۆزقاراش ۋە ئەقىدە بارىسىدا ھەمدە ھەر خىل مەزھەب ئېتىرازچىلىرىنىڭ شۈبھىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر ئىزدىنىپ، ئىنچىكە تەتقىق قىلىدىغان كىشىلەر ئىدى. كىسرالارنىڭ دەۋرلىرىدە ئۇلار ئىچىدە مانى، دىسان (Bardesanes) ۋە مەزدەككە ئوخشاش كىشىلەر ئۆتكەن. ئەمما، ھىجازنىڭ تەبىئىتى بۇ خىل تەبىئەتكە ئوخشىمايدۇ، ھىجاز ئەھلىنىڭ زېھىنلىرىمۇ ئىراق ئەھلىنىڭ زېھىنلىرىگە ئوخشىمايدۇ».

بىز بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، ئىراق قەدىمدىن تارتىپ خىلمۇخىل قاراشلار ۋە ئەقىدىلەرنىڭ جەمگاھى ئىدى. ئۇ يەردىن سىياسىي مەزھەبلەرنىڭ ۋە ئېتىقادىي مەزھەبلەرنىڭ پەيدا بولۇشى مۇقەررەر ئىدى. شۇڭا، شىئە پىكىرلىرىنىڭ ئىراق مۇھىتىدا تەرەققىي قىلىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.

قەدىمكى پەلسەپەلەرنىڭ شىئە مەزھەبىگە كۆرسەتكەن تەسىرى
[49] شەكسىزكى، ھەزرىتى ئەلىنى ئىلاھلىق دەرىجىسىگە كۆتۈرۈۋالغان سەبەئىيلەرنى ۋە ئۇلارغا ئوخشاشلارنى چىقىرىۋەتسەك، شىئەلەر ئومۇمەن ئىسلامىي پىرقەدۇر. شۈبھىسىزكى، ئۇلار دېگەن سۆزلىرىنىڭ ھەربىرىدە قۇرئانىي نەسلەرگە ياكى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە نىسبەت بېرىلگەن ھەدىسلەرگە ئېسىلىدۇ. لېكىن، شۇنداق بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ قاراشلىرى پەلسەپەۋى پىكىرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئىراق ۋە غەرب ئالىملىرى شىئە مەزھەبىنىڭ تۈپ مەنبەسىنىڭ ئىسلامدىن بۇرۇنقى پەلسەپەۋى ۋە دىنىي مەزھەبلەر ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئىسلامنىڭ پارلىشى بىلەن زاۋاللىققا يۈز تۇتقان پارس مەدەنىيىتى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇستاز دوزى (Reihart Dozy) نى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى ياۋروپالىق ئالىملارنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، شىئە مەزھەبىنىڭ ئەسل يىلتىزى پارسچە بىر خاھىشتۇر. چۈنكى، ئەرەبلەر ئەركىنلىككە باش ئېگەتتى، پارسلار بولسا پادىشاھلىققا ۋە پادىشاھ جەمەتىدىكى مىراسخورلۇققا باش ئېگەتتى، ئۇلارنىڭ كاللىسىدا خەلىفە سايلاش دەيدىغان ئۇقۇم يوق ئىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا (ئوغۇل) پەرزەنت قالدۇرماي كەتكەن بولۇپ، (ئۇلارنىڭ قارىشىچە) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن كېيىن ئۇنىڭ تاغىسىنىڭ ئوغلى ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى ئىدى، ئەبۇبەكرى، ئۆمەر ۋە ئوسمانغا ئوخشاش خىلافەتنى قولغا ئالغانلار خىلافەتنى ھەقدار كىشىدىن بۇلىۋالغان بولاتتى. پارسلار پادىشاھقا مۇقەددەسلىك نەزەرى بىلەن قاراشقا ئادەتلەنگەن. نەتىجىدە ئۇلار ھەزرىتى ئەلىگە ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا مۇشۇ نەزەر بىلەن قارىدى ۋە: «خەلىفەگە ئىتائەت قىلىش ۋاجىب، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغانلىق ئاللاھقا ئىتائەت قىلغانلىقتۇر» دېدى(8).

بەزى ياۋروپالىق ئالىملار ئەلىنى مۇقەددەسلەشتۈرۈشكە تۇنجى دەۋەت قىلغان ئابدۇللاھ ئىبنى سەبەئنىڭ يەھۇدىي ئىكەنلىكىنى دەلىل قىلىپ تۇرۇپ، شىئەلەر ئۆز قاراشلىرىنى پارسلاردىن ئالغىنىدىن كۆپرەك يەھۇدىيلەردىن ئالغان دەپ بايان قىلىدۇ. بۇ ئالىملار يەنە شىئە مەزھەبىدە يەھۇدىي دىنىنىڭ تەسىرلىرى بولۇشى بىلەن بىرگە، شىئە مەزھەبىنىڭ بۇددىزم ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش قەدىمكى ئاسىيا ئېتىقادلىرىغا قونالغۇ بولغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن(9).

[50] شىئە مەزھەبىنىڭ ئۆزىنىڭ بەزى قاراشلىرىنى يەھۇدىي دىنىدىن قوبۇل قىلغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن بۇ گەپنى بەلكىم ياۋروپالىقلار ئىمام شەئبىي ۋە ئىمام ئىبنى ھەزم ئەندەلۇسىيلارنىڭ سۆزلىرىدىن ئالغان بولۇشى مۇمكىن. ئىمام شەئبىي شىئەلەرنى بۇ ئۈممەتنىڭ يەھۇدىيلىرى دەيتتى. ئىمام ئىبنى ھەزم «ئەلفەسلۇ فىلمىلەل» ناملىق كىتابىدا مۇنداق دېگەن: «بۇ شىئەلەر ‹ئىلياس ئەلەيھىسسالام ۋە فىنھاس ئىبنى ئەلئازار ئىبنى ھارۇن ئەلەيھىسسالام بۈگۈنگىچە ھايات› دەيدىغان يەھۇدىيلەرنىڭ يولىدا ماڭغان. بۇ يولغا بەزى سوپىلارمۇ كىرگەن بولۇپ، ئۇلار خىزىر ۋە ئىلياس ئەلەيھىسسالاملار ھازىرمۇ ھايات دەپ دەۋا قىلغان»(10).

شىئەلەر پادىشاھلىق ۋە پادىشاھلىققا مىراسخور بولۇش مەسىلىسىدە «پارسچە پىكىرلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان» دەپ قارىساق توغرا بولىدۇ. ئۇلارنىڭ مەزھەبى بىلەن پارس پادىشاھلىقى تۈزۈمى ئارىسىدىكى ئوخشاشلىق ناھايىتى روشەن. بۇ قارىشىمىزنى پارسلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ھازىرغا قەدەر شىئە ئىكەنلىكى، تۇنجى شىئەلەرنىڭ پارسلار ئىكەنلىكى كۈچلەندۈرىدۇ.

يەھۇدىي دىنىغا كەلسەك، ئۇ شىئەلەرنىڭ بەزى قاراشلىرى بىلەن ئۇيغۇنلىشىپ قالىدۇ. چۈنكى، شىئە پەلسەپەسى ھەر خىل ئېقىملاردىن تەركىپ تاپقان. گەرچە ئۇلار ئىسلامىي قاراشلارغا تايانسىمۇ، ئۇلارنىڭ خاھىشى ئومۇمەن پارسچە ئىدى.

ھازىرقى شىئەلەر ۋە ئۇلارنىڭ مۆتىدىللىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئابدۇللاھ ئىبنى سەبەئدەكلەرنىڭ ئۆزلىرىدىن ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىدۇ. چۈنكى، ئۇلارنىڭ نەزەرىدە ئۇنداقلار شىئە بولۇشى تۈگۈل، مۇسۇلمانمۇ ئەمەس. بىز بۇنىڭدا ئۇلارغا تامامەن قوشۇلىمىز.

شىئە مەزھەبى پىرقەلىرى

[51] بىز يۇقىرىدا شىئەلەرنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ، شىئە دېگەن نامنى ئاشقۇن كىشىلەرمۇ، ئوتتۇراھال كىشىلەرمۇ ۋە ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرغان كىشىلەرمۇ كۆتۈرۈپ يۈرىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدۇق.

رادىكال ئاشقۇنلار ھەزرىتى ئەلىنى ئىلاھلىق مەرتىۋىسىگە كۆتۈرۈۋەتكەنىدى، يەنە بەزىسى ئۇنى پەيغەمبەرلىك مەرتىۋىسىگە كۆتۈرۈپ، ھەتتا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىنمۇ ئۈستۈن مەرتىۋىگە قويغانىدى. بىز ئاشقۇنلۇقى سەۋەبلىك ئىسلامدىن چىقىپ كەتكەن بۇ ئاشقۇنلارنىڭ بەزىلىرى ھەققىدە توختىلايلى! ھازىرقى شىئەلەر ئۇلارنىڭ شىئەگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىدۇ، بىز ئۇلارنىڭ ئىسلامغا تەۋە ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىمىز. بۇلار:

1.  سەبەئىيلەر

[52] ئۇلار ئابدۇللاھ ئىبنى سەبەئنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىدۇر. ئابدۇللاھ ئىبنى سەبەﺋ ھىيرەلىك يەھۇدىي بولۇپ، مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئۇنىڭ ئانىسى قارا قۇل ئىدى. شۇ جەھەتتىن، ئۇ «قارا خوتۇننىڭ بالىسى» دېيىلەتتى. يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئۇ سەييىدىمىز ئوسمانغا ۋە ئۇنىڭ ۋالىيلىرىغا قارشى شوئار توۋلىغۇچىلارنىڭ ئەڭ ئەشەددىيلىرىدىن ئىدى.

ئۇ مۇسۇلمانلار ئارىسىدا بۇزۇق ئىدىيەلىرىنى تەدرىجىي تارقاتتى. ئۇنىڭ پىكىر – ئىدىيەلىرى ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى باش تېما قىلاتتى. ئۇ كىشىلەر ئارىسىدا «تەۋرات»تا مۇنداق بىر مەزمۇن بارلىقىنى ئېيتىپ، ئۇنى تارقىتىشقا باشلىدى: «ھەرقانداق بىر پەيغەمبەرنىڭ ۋەسىيسى بار، مۇھەممەدنىڭ ۋەسىيسى ئەلى، مۇھەممەد پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى بولغاندەك، ئەلى ۋەسىيلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى، مۇھەممەد پات يېقىندا دۇنياغا قايتىپ كېلىدۇ». ئۇ: «ئىيسا قايتىپ كېلىدۇ دەپ، مۇھەممەد قايتىپ كەلمەيدۇ دەيدىغانلارغا ھەيرانمەن» دەيتتى. ئاندىن ئۇ پەيدىنپەي ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئىلاھلىقىغا ھۆكۈم قىلدى.

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئۇنىڭ گەپ – سۆزلىرى يېتىپ كەلگەندە، ئۇنى ئۆلتۈرۈشنى ئىرادە قىلدى، لېكىن ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئۇنى توسۇپ: «شاملىقلارغا قايتا ئۇرۇش ئېچىشقا بەل باغلاپ تۇرغىنىڭدا، ئۇنى ئۆلتۈرسەڭ، ئەتراپىڭدىكىلەر ساڭا قارشى چىقىدۇ» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى ئۆلتۈرمەي مەدائىنغا پالىۋەتتى.

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆلتۈرۈلگەندە، ئابدۇللاھ ئىبنى سەبەﺋ كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىدىن ۋە ئۇنى يوقىتىپ قويغىنىغا چەككەن ئازابىدىن پايدىلىنىپ، كىشىلەرنى ئازدۇرۇش ۋە بۇزۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۆلۈمى توغرۇلۇق ئۆزى ئويدۇرۇپ چىقارغان يالغان – ياۋىداق گەپلەرنى تارقىتىشقا باشلىدى. ئۇ كىشىلەرگە ئۆلتۈرۈلگىنىنىڭ ئەلى ئەمەسلىكى، بەلكى ئۇنىڭ ئەلىنىڭ سۈرىتىدە كۆرۈنگەن شەيتان ئىكەنلىكى، ئىيسا ئاسمانغا چىقىپ كەتكەندەك، ئەلىنىڭمۇ ئاسمانغا چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ، مۇنداق دەيتتى: «يەھۇدىي ۋە ناسارالار ئىيسا ئىبنى مەريەمنى ئۆلتۈرگەنلىك دەۋاسىدا يالغانچى بولغاندەك، خاۋارىجلارمۇ ئەلىنى ئۆلتۈرگەنلىك دەۋاسىدا يالغانچى. يەھۇدىي ۋە ناسارالار بىر شەخسنى كۆرۈپ، ئىيسا دەپ قېلىپ دارغا ئاسقان. شۇنىڭغا ئوخشاش، ‹ئەلىنى ئۆلتۈردۇق› دېگۈچىلەرمۇ ئەلىگە ئوخشايدىغان بىرىنى كۆرۈپ، ئۇنى ئەلى دەپ ئويلاپ ئۆلتۈردى، ۋەھالەنكى ئەلى ئاسمانغا چىقىپ كەتتى، گۈلدۈرماما ئۇنىڭ ئاۋازى، چاقماق ئۇنىڭ تەبەسسۇمى». سەبەئىيلەردىن بىرەرى گۈلدۈرمامىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىسا: «ئەسسالامۇ ئەلەيكە ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى!» دەيتتى. ئۆمەر ئىبنى شۇرەھبىل مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: «ئابدۇللاھ ئىبنى سەبەئگە:

— ئەلى ئۆلتۈرۈلدى، — دېيىلگەندە، ئۇ ئېيتقانكى:

— سىلەر بىر خالتىدا ئۇنىڭ كاللىسىنى ئەكىلىپ كۆرسەتسەڭلارمۇ، بىز ئۇنىڭ ئۆلگىنىگە ئىشەنمەيمىز، ئۇ ئاسماندىن چۈشۈپ، پۈتكۈل زېمىنغا ئىگە بولمىغۇچە ئۆلمەيدۇ»(11).

بۇ سەبەئىيلەر ئىچىدە «ئىلاھ ئەلىنىڭ ۋۇجۇدىغا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىماملارنىڭ ۋۇجۇدىغا چۈشكەن» دەيدىغانلارمۇ بار ئىدى. بۇ سۆز ئىلاھلار بەزى ئىنسانلارنىڭ ۋۇجۇدىغا چۈشىدۇ دەيدىغان بەزى قەدىمكى دىنلارغا ئۇيغۇنلىشىپ قالىدۇ. ئۇلار خۇددى قەدىمكى مىسىرلىقلار پىرئەۋنلەر ھەققىدە دەيدىغاندەك: «ئىلاھنىڭ روھى ئىماملارنى بىر – بىرلەپ ئۆز قوينىغا ئالىدۇ» دەيتتى.

سەبەئىيلەر ئىچىدە يەنە ئەلى توغرىسىدا: «ئىلاھ ئەلى بىلەن بىر گەۋدە بولدى» دەيدىغانلار بار ئىدى، ھەتتا ئۇلار ئەلىگە: «سەن ئاللاھ» دېگەن. باشتا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئەلى بۇلارنى ئوتقا تاشلاپ كۆيدۈرۈۋېتىشنى ئىرادە قىلغان.

2.  غۇرابىيلار

[53] ئۇلارمۇ ئاشقۇن پىرقەلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ پىرقە سەبەئىيلەردەك ئەلىنى ئىلاھلىق دەرىجىسىگە كۆتۈرمىگەن، بىراق ئۇلار ئەلىنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئارتۇق كۆرگىلى تاس قالغان. ئۇلار: «پەيغەمبەرلىك ئەلىگە مەنسۇپ ئىدى، لېكىن جىبرىل خاتالىشىپ ۋەھيىنى ئەلىگە ئېلىپ چۈشۈشنىڭ ئورنىغا مۇھەممەدكە ئېلىپ چۈشكەن» دەپ دەۋا قىلاتتى. ئۇلار: «خۇددى قاغا قاغىغا ئوخشىغاندەك، ئەلى مۇھەممەدكە قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايتتى (شۇڭا، جىبرىل خاتالىشىپ قالغان)» دەيدىغانلىقلىرى ئۈچۈن، غۇرابىيلار (يەنى قاغىچىلار) دەپ ئاتالغان.

بۇ قۇرۇق گەپنى ئالىملار رەت قىلغان. ئۇلارنىڭ جۈملىسىدىن، ئىمام ئىبنى ھەزم «ئەلفەسلۇ فىلمىلەل» ناملىق كىتابىدا رەت قىلغان. رېئاللىققا سالساقمۇ، بۇ گەپ تارىخقا كۆز يۇمغانلىق ۋە ھەقىقەتكە كۆز يۇمغانلىقتۇر. چۈنكى، ئەلى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە پەيغەمبەرلىك كەلگەندە بىر كىچىك بالا ئىدى، ئۇ پەيغەمبەرلىكنى ئۈستىگە ئالالىغۇدەك ياشتا ئەمەس ئىدى، بەلكى توققۇز ياشتا ئىدى. توققۇز ياش بولسا پەيغەمبەرلىك ئۇياقتا تۇرسۇن، شەرىئەتكە تەكلىپ قىلىنىش يېشىغىمۇ توشمايدۇ. بۇ گەپنىڭ رېئاللىققا كۆز يۇمۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىغا كەلسەك، ئەلى قۇرامىغا يەتكەندىمۇ جىسمانىي جەھەتتىن پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامغا ئوخشىمايتتى. بەلكى ھەربىرىنىڭ جىسمانىي سۈپەتلىرى ھەققىدە خاتىرىلەنگەن رىۋايەتلەرگە قارايدىغان بولساق، ھەربىرىنىڭ خاس جىسمانىي گەۋدىسى بار ئىدى.

ئۇلارنىڭ ھەربىرى بېجىرىم ئەر كىشى بولغاندىن كېيىن جىسمانىي جەھەتتىن تولۇق ئوخشىغان دەپ پەرەز قىلساقمۇ، شۇنىسى ئېنىقكى، بۇ خىل ئوخشاشلىق مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر بولغان ۋاقتىغا نىسبەتەن يەنىلا خۇراپىي گەپتۇر. چۈنكى، توققۇز ياشلىق بالا بىلەن 40 ياشلىق مۇكەممەل ئەر ئوتتۇرىسىدا ئوخشاشلىقنىڭ يۈز بېرىشى مۇمكىن ئەمەس، جىبرىل قانداقمۇ چوڭ بىر ئەر بىلەن بىر كىچىك بالىنى پەرق ئېتەلمەي خاتالاشسۇن؟! قانداقمۇ ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا قاغىنىڭ قاغىغا ئوخشاپ قالغىنىدەك ئوخشاشلىق بولسۇن؟!

شىئە قاتارىدىن چىقىپ كەتكەن پىرقەلەر

[54] ئېتىقاد جەھەتتىن قايمۇقۇپ كەتكەن (يۇقىرىقى) بۇ پىرقەلەرنى شىئەلەر ئۆزلىرى قاتارىدىن سانىمايدۇ، ئۇلارنى «ئاشقۇنلار» دەيدۇ ۋە بۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنى ئۆزلىرى قاتارىدىن ساناش ئۇياقتا تۇرسۇن، قىبلە ئەھلىدىن (يەنى مۇسۇلمان) دەپمۇ سانىمايدۇ. شۇڭا، دەيمىزكى، بۇ پىرقەلەر ئىسلام تارىخىدا شىئە دېگەن نامنى كۆتۈرۈپ يۈرگەن بولۇپ، كۆپ يازغۇچىلار ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى شىئەلەرگە ئارتىپ قويغان. ھالبۇكى شىئەلەر ئۇلاردىن پۈتۈنلەي ئادا – جۇدادۇر. قانداقلا بولمىسۇن، ئىسلامدىن چىقىپ كەتكەن بۇ پىرقەلەرنىڭ شىئەلەر ئارىسىدا ھازىر كۆزگە كۆرۈنگۈدەك مەۋجۇدلۇقى يوقتۇر. دېمەك، ئۇلار ئارىسىدا ئاشكارا ھالدا ئىماملارنى ئىلاھلىق دەرىجىسىگە كۆتۈرىدىغانلار يوق، شۇنداقلا ئاشكارا ھالدا جىبرىلنى پەيغەمبەرلىكنى يەتكۈزۈشتە خاتالاشقان دەيدىغانلارمۇ يوق.

كەيسانىيلار

[55] ئۇلار مۇختار ئىبنى ئۇبەيد سەقەفىينىڭ ئەگەشكۈچىلىرىدۇر. ئۇ باشتا خاۋارىج ئىدى، كېيىن ھەزرىتى ئەلىگە ياردەم بېرىدىغان شىئەلەردىن بولغان. كەيسانىيلار كەيسان دېگەن بىر يۇرتقا نىسبەت بېرىلىپ شۇنداق ئاتالغان. بەزىلەر: «كەيسان دېگەن مۇختارنىڭ ئىسمى» دېگەن. يەنە بەزىلەر: «كەيسان ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىبنىڭ ئازادگەردىسى ياكى ئۇنىڭ ئوغلى مۇھەممەد ئىبنى ھەنەفىييەنىڭ بىر شاگىرتى» دېگەن.

مۇسلىم ئىبنى ئۇقەيل كۇفەنىڭ ئەھۋالىنى ۋە كۇفە ئەھلىنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ نەۋرىسى ھۈسەين ئىبنى ئەلىگە قانچىلىك ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىنى ئۇقۇپ بېقىش ئۈچۈن، ھۈسەين ئىبنى ئەلى تەرىپىدىن كۇفەگە ئەۋەتىلگەن چاغدا، مۇختارمۇ كۇفەگە كەلگەن. كۇفە ئەمىرى ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى زىياد مۇختارنىڭ بارلىقىنى بىلىپ قېلىپ، ئۇنى تۇتۇپ قاماققا ئالىدۇ ۋە ئۇنى ئۇرىدۇ. ئۇ تاكى شەھىدلەرنىڭ ئاتىسى شەھىد ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆلتۈرۈلگەنگە قەدەر قاماقتا تۇرىدۇ، كېيىن ئۇنىڭ ھەمشىرىسىنىڭ ئېرى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئىبنى زىيادنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭغا شاپائەتچى بولىدۇ. نەتىجىدە ئىبنى زىياد ئۇنى كۇفەدىن چىقىپ كېتىش شەرتى بىلەن قويۇپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھىجازغا بارىدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئۇ سەپەر جەريانىدا: «مۇسۇلمانلارنىڭ سەييىدى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ سەييىدىنىڭ ئوغلى مەزلۇم شەھىد ھۈسەين ئىبنى ئەلىنىڭ خۇنىنى تەلەپ قىلىمەن. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، يەھيا ئىبنى زەكەرىيياﺋ ئەلەيھىسسالامنىڭ خۇنى ئۈچۈن قانچىلىك ئادەم ئۆلتۈرۈلگەن بولسا، مەنمۇ ھۈسەيننىڭ خۇنى ئۈچۈن شۇنچىلىك ئادەم ئۆلتۈرىمەن» دېگەن. ئاندىن ئۇ ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەيرنىڭ سېپىگە قوشۇلغان. ۋەھالەنكى ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير ھىجاز ۋە ئۇنىڭغا قوشنا ئىسلامىي ئەللەرنى بېسىۋېلىشقا تەييارلانغانىدى. مۇختار ئۇنىڭغا غەلىبە قازانغاندا، ئۆزىنى بەزى جايلارغا ۋالىي قىلىپ تەيىنلىشى بەدىلىگە بەيئەت قىلغان. مۇختار ئۇنىڭ بىلەن بىرگە شاملىقلارغا قارشى ئۇرۇش قىلغان. كېيىن ئۇ يەزىد ئۆلۈپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشى پارچىلانغاندىن كېيىن كۇفەگە قايتقان. بۇ قېتىملىق قايتىشىدا ئۇ ئۆزىنىڭ ھۈسەيننىڭ قېرىندىشى مۇھەممەد ئىبنى ھەنەفىييە تەرىپىدىن كەلگەنلىكىنى، ھۈسەيننىڭ قاتىللىرىدىن ئىنتىقام ئېلىشقا مەسئۇل بولغانلىقىنى دەۋا قىلغان ھەمدە مۇھەممەد ئىبنى ھەنەفىييەنى مەھدىي ۋە ۋەسىي دەپ دەۋا قىلغان. كىشىلەرگە: «مېنى مەھدىي ۋە ۋەسىي ئەۋەتتى، سىلەرگە مېنى ئامانەتدار ۋە ياردەمچى قىلىپ ئەۋەتتى، مېنى دىنىي خائىنلارنى ئۆلتۈرۈش، ئائىلە – تاۋابىئاتىنىڭ خۇنىنى تەلەپ قىلىش ۋە ئاجىزلارنى قوغداشقا بۇيرۇدى» دېگەن.

ئۇ مۇھەممەد ئىبنى ھەنەفىييەنىڭ نامى بىلەن دەۋەت قىلىشقا باشلىغان. چۈنكى، دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، مۇھەممەد ئىبنى ھەنەفىييە ھۈسەيننىڭ خۇن ئىگىسى ئىدى ھەمدە ئۇ كىشىلەر ئارىسىدا زور مەرتىۋە قازانغان بولۇپ، قەلبلەر ئۇنىڭ مۇھەببىتى بىلەن ۋە ئۇنىڭ ئىلىم – پەزىلىتىگە بولغان ھۆرمەت بىلەن تولغانىدى، شۇنداقلا ئۇ ئىلمى كۆپ، مەرىپەتپەرۋەر، پىكىر بايراقدارى ۋە ئىشلارنىڭ تېگىگە يېتەلەيدىغان ئۆتكۈر زات ئىدى. ئۇنىڭغا دادىسى، مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، جەڭ خەبەرلىرىنى سۆزلەپ بەرگەن.

[56] مۇختار داۋاملىق بۇ ئۇلۇغ ئىمامنىڭ نامىنى سېتىپ، كىشىلەرنى ئۆزىنىڭ ئەتراپىغا چاقىرغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ قۇرۇق گەپلەرنى تارقىتىشقا باشلىغان. نەتىجىدە مۇھەممەد ئىبنى ھەنەفىييەگە مۇختارنىڭ قۇرۇق جۆيلۈشلىرى ۋە يالغانچىلىقلىرى يەتكەندە ۋە ئۇنىڭ يوشۇرۇن نىيەتلىرىنى بىلگەندە، كۆپلىگەن خەلق ئالدىدا ئۆزىنىڭ مۇختاردىن ئادا – جۇدا ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. لېكىن، مەزكۇر ئادا – جۇدالىق ئېلانى بولسىمۇ، ھۈسەيننىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىش ئىسىتىكى كۈچلۈك بولغانلىقتىن، ئەلەۋىيلەرنىڭ(12) بىر قىسىم ياردەمچىلىرى مۇختارغا ئەگىشىۋەرگەن. مۇختار كاھىنلاردەك قاپىيەلىك گەپلەرنى قىلاتتى، كېلەچەكنى بىلىدىغانلىقىنى دەۋا قىلاتتى. تۆۋەندىكىسى ئۇنىڭ قاپىيەلىك گەپلىرىنىڭ بىرى: «أما ورب البحار، والنخيل والأشجار، والمهامه القفار، والملائكة الأبرار، لأقتلن كل جبار، بكل لدن خطار، ومهند بتار… حتى إذا أقمت عمود الدين، وزايلت شعب صدع المسلمين، وشفيت صدور المسلمين، لم يكبر علي زوال الدنيا، ولم أحفل بالموت إذا أتى / بىلىپ قويۇڭلاركى، دېڭىزلار، خورما ۋە دەل – دەرەخلەر، قاقاس چۆللەر ۋە ئېسىل پەرىشتىلەرنىڭ رەببىنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، مەن سىلىق نەيزە ۋە ئۆتكۈر ھىندى قىلىچى بىلەن پۈتكۈل زالىملارنى ئۆلتۈرىمەن… مەن دىننىڭ تۈۋرۈكىنى تۇرغۇزالىسام، مۇسۇلمانلارنىڭ چاكلىرىنى ئېتەلىسەم، مۇئمىنلەرنىڭ دىللىرىغا شىپا بېرەلىسەم، دۇنيا يوقىلىپ كەتسىمۇ ماڭا ئېغىر كەلمەيدۇ، ئۆلۈم كەلسىمۇ پەرۋا قىلمايمەن».

[57] مۇختار بولسا ھۈسەيننىڭ قاتىللىرى ۋە ئەلەۋىيلەرنىڭ دۈشمەنلىرىگە قارشى ئۇرۇش ئېچىشقا باشلاپ، ئۇلارنى قىرغىن قىلغان. ئۇ بىرەر كىمنىڭ ھۈسەيننى ئۆلتۈرۈشكە قاتناشقانلىقىنى بىلىپلا قالسا، ئۇنى ئۆلتۈرگەن ۋە بۇ ئىشنى كىشىلەرگە، بولۇپمۇ شىئەلەرگە چىرايلىق كۆرسەتكەن. نەتىجىدە ئۇلار ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇرۇش قىلغان. ئاخىرىدا، ئۇنى ئاكىسى ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير تەرىپىدىن ۋەزىپىگە قويۇلغان مۇسئەب ئىبنى زۇبەير ئۆلتۈرگەن.

[58] (1) كەيسانىيلارنىڭ ئەقىدىسى سەبەئىيلەردەك پەيغەمبەر جەمەتىدىن بولغان ئىماملارنى ئىلاھلاشتۇرۇشنى ئاساس قىلمايدۇ، بەلكى ئۇلارنىڭ ئەقىدىسى: ئىمام دېگەن مۇقەددەس شەخس. چۈنكى، ئۇ ئىلاھىي ئىلىمنىڭ سىمۋولى، شۇڭا خەلقنىڭ ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشى، ئۇنىڭ ئىلمىگە مۇتلەق ئىشىنىشى ۋە خاتالىقتىن مەسۇم دەپ ئېتىقاد قىلىشى لازىم دېگەننى ئاساس قىلىدۇ.

(2) ئۇلار سەبەئىيلەرگە ئوخشاش «ئىمام (ئۆلگەندىن كېيىن) قايتىپ كېلىدۇ» دەپ ئىشىنىدۇ. ئۇلارنىڭ نەزەرىدە ئەلى، ھەسەن ۋە ھۈسەينلەردىن كېيىنكى ئىمام — مۇھەممەد ئىبنى ھەنەفىييەدۇر. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى: «مۇھەممەد ئىبنى ھەنەفىييە ئۆلدى، پات يېقىندا قايتىپ كېلىدۇ» دەيدۇ. يەنە بەزىلىرى — بۇلار كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ — «ئۇ ئۆلمىدى، بەلكى رەزۋا تېغىدا ھايات، ئۇنىڭ يېنىدا سۇ ۋە ھەسەل بار» دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ. (شائىر) كۇسەييىر ئەززە مۇشۇلارنىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ، ئۇ مۇنداق شېئىر ئوقۇغان:

 

بىلىڭلار! ئىماملار قۇرەيشتىندۇر

تۆت ئىمام ئۇلاردىن ھەققە ۋەكىلدۇر

كىم ئۇلار؟ ئەلى ۋە ئۇنىڭ ئۈچ ئوغلى

بۇنىڭدا كۆرۈنگەن قىلچە شەك يوقتۇر

بىر ئوغۇل ئىمان ۋە خەيرنىڭ ئۇلى

بىرىنى يۇتتى ئول كەربالا يولى

بىرى بار جان بەرمەس ھەتتا غازاتسىز

رەزۋادا غائىبتۇر ھەسەلدە قولى

 

(3) كەيسانىيلار بەداﺋ پىكرىگە ئېتىقاد قىلىدۇ. ئۇ پىكىر بولسىمۇ: «ئاللاھنىڭ ئىلمى ئۆزگىرىپ قالغانلىقتىن ئىرادىسىنى ئۆزگەرتىدۇ، ئاللاھ بىر ئىشقا بۇيرۇپ، ئاندىن ئۇنىڭ تەتۈرىگە بۇيرۇيدۇ» دېگەندىن ئىبارەت. شەھرىستانىي بۇ ھەقتە ئېيتقانكى: «مۇختارنىڭ بۇ خىل پىكىرنى تاللاپ قېلىشىنىڭ سەۋەبى: ئۇ كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلارنى يا ۋەھيى بىلەن، يا ئىمام تەرىپىدىن كەلگەن بىر خەت بىلەن بىلىدىغانلىقىنى دەۋا قىلاتتى. ئۇ ئەگەشكۈچىلىرىگە مەلۇم بىر ئىشنىڭ بولىدىغانلىقى ياكى مەلۇم بىر ھادىسىنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىدىن خەبەر بېرىپ، مەزكۇر ئىش ئۇنىڭ سۆزىگە ئۇدۇل كېلىپ قالسا، ئۇ بۇنى ئۆزىنىڭ دەۋاسىنىڭ راستلىقىغا دەلىل قىلاتتى، ئەگەر ئۇدۇل كەلمىسە: پەرۋەردىگارىڭلار بەداﺋ قىلىپتۇ (باشقىچە ئويغا كېلىپ قاپتۇ)، دەيتتى»(13). بۇ شەكسىزلا ئوچۇق ئازغۇنلۇقتۇر، ئېتىقادىي بۇزۇلۇشتۇر.

(4) ئۇلار يەنە «روھلار كۆچىدۇ» دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ. ئۇ دېگەنلىك روھنىڭ بىر تەندىن چىقىپ، يەنە بىر تەنگە كىرىشىدۇر. ئۇلار بۇ پىكىرنى ھىندى پەلسەپەسىدىن ئالغان. چۈنكى، ھىندىلار شۇنداق دەيدۇ. ئۇلار يەنە: «روھ ئەڭ پەس بىر ھايۋانغا يۆتكىلىپ ئازابلىنىدۇ، ئەڭ ئۈستۈن بىر جانلىققا يۆتكىلىپ مۇكاپاتلىنىدۇ» دەيدۇ. ئۇلار ھىندى قاراشلىرىنى پۈتۈنلەي قوبۇل قىلمىسىمۇ، ئىماملارغا ئائىت مەسىلىلەردە قوبۇل قىلغان.

(5) ئۇلار يەنە مۇنداق دەيتتى: «ھەر زاھىرنىڭ بىر باتىنى بار، ھەر شەخسنىڭ بىر روھى بار، ھەر ئايەتنىڭ بىر تەفسىرى بار، بۇ ئالەمدىكى ھەر مىسالنىڭ ئۇ ئالەمدە بىر ھەقىقىتى بار. ئەتراپقا تارالغان بارلىق سىر – ھېكمەتلەر بىر ئىنساننىڭ ۋۇجۇدىدا توپلانغان. ئۇ سىر – ھېكمەتلەر بولسا ئەلى ئەلەيھىسسالام ئوغلى مۇھەممەد ئىبنى ھەنەفىييەگە قالدۇرۇپ قويغان ئىلىمدۇر. ۋۇجۇدىدا مۇشۇ ئىلىم توپلانغان كىشى ھەقىقىي ئىمامدۇر»(14).

[59] بىز بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرگە نىسبەتەن پەيغەمبەرلىك مەنىلىرىگە زىت گەپلەرنى دەيدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. گەرچە ئۇلار ئەلىنىڭ بالىلىرى ئۈچۈن قاتتىق مۇتەئەسسىب بولۇپ، ئۇلارنى پەيغەمبەرلىك ماقامىغا يېقىنلاشتۇرۇپ قويغان بولسىمۇ، بىز ئۇلارنىڭ گەپ – سۆزلىرىدە ئاللاھنىڭ پاكلىقىغا تېگىش قىلىدىغان سۆزلەرنى ۋە ئاللاھنى «بەداﺋ» پىكرىدىن باشقا نالايىق سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىگەنلىكىنى كۆرمىدۇق، لېكىن ئۇلار ئىسلامغا ئائىت گەپلىرىگە روھلارنىڭ كۆچۈپ يۈرىدىغانلىقى، ھەر نەرسىنىڭ زاھىرى ۋە باتىنى بارلىقى، سىر – ھېكمەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالەمنىڭ بىر ئىنساننىڭ ۋۇجۇدىدا جەم بولغانلىقى ۋە بۇ خىل ئىلىمنىڭ ئەلى كەررەمەللاھۇ ۋەجھەھۇدا بولغانلىقى، ئۇ ئىلىمگە مۇھەممەد ئىبنى ھەنەفىييە دادىسىدىن مىراس ئېلىپ ئېرىشكەنلىكى، دادىسىدىن كېيىن ئۇ ئىلىمنىڭ ئۇنىڭدا مۇجەسسەم بولغانلىقى دېگەندەك پەلسەپەۋى قاراشلارنى قوشقان.

كەيسانىيلارنىڭ ئىسلامىي رايونلاردا تىلغا ئالغۇدەك ئەگەشكۈچىلىرى بولمىغان.

زەيدىيلەر

[60] بۇ پىرقە شىئە پىرقەلىرى ئىچىدە ئىسلام جامائىتىگە يېقىنراقى ۋە ئوتتۇراھالراقىدۇر. ئۇلار ئىماملارنى پەيغەمبەرلىك ماقامىغا كۆتۈرمىگەن، بەلكى پەيغەمبەرلىككە يېقىنراق بىرەر ماقامغىمۇ كۆتۈرمىگەن، بەلكى ئۇلارنى باشقا ئىنسانلارغا ئوخشاش، لېكىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن قالسىلا ئەڭ ئەۋزەل دەپ قارىغان.

ئۇلار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابەلىرىدىن ھېچكىمنى، بولۇپمۇ ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بەيئەت قىلغان ۋە ئىماملىقىنى ئېتىراپ قىلغان ساھابەلەرنى (يەنى ئەبۇبەكرى، ئۆمەر ۋە ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمنى) كافىرغا چىقارمىغان.

بۇ پىرقەنىڭ ئىمامى زەيد ئىبنى ئەلى زەينۇلئابىدىندۇر. ئۇ كۇفەدە ھىشام ئىبنى ئابدۇلمەلىككە قارشى چىققان ۋە شۇ سەۋەبلىك قەتل قىلىنىپ، ئېسىپ قويۇلغان. مەسئۇدىي ئۇنىڭ ھىشامغا قارشى چىقىشىنىڭ سەۋەبى توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: «زەيد، ھىشامنىڭ قېشىغا كىرىپ ئولتۇرغۇدەك ئورۇن تاپالماي ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆرە تۇرۇپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ سورۇننىڭ ئاخىرىدىراق بىر يەردە ئولتۇردى ۋە:

— ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! ھېچكىم ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىشقا چوڭ كېلىپ قالمايدۇ ۋە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىشقا كىچىكمۇ كېلىپ قالمايدۇ، — دېۋىدى، ھىشام:

— ئەي ئانىسىنىڭ تايىنى يوق! شۈك تۇر، سەن بىر دېدەكنىڭ بالىسى تۇرۇپ، ئۆزۈڭچە خىلافەت ھەققىدە دەتالاش قىلىۋاتامسەن؟ — دېدى. زەيد:

— ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! ساڭا بېرىدىغان بىر جاۋابىم بار، ئەگەر خاھلىساڭ دەي، خاھلىمىساڭ سۈكۈت قىلاي، — دېۋىدى، ھىشام:

— ئېيتە، — دېدى. زەيد:

— ئانىلار ھەقىقەتەن ئەرلەرنىڭ چوققىلارغا يېتىشىگە توسالغۇ بولغان ئەمەس، ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسى ئىسھاق ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسىنىڭ دېدىكى ئىدى. بۇ ئەھۋال ئىسمائىلنى پەيغەمبەر بولۇشتىن توسالمىدى. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئۇنى (پەيغەمبەر قىلىش بىلەن بىرگە) پۈتكۈل ئەرەبلەرنىڭ ئاتىسى قىلدى، ئۇنىڭ پۇشتىدىن ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ ياخشىسى بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى چىقاردى. سەن مېنى مۇشۇنداق دەۋاتىسەن، ھالبۇكى مەن فاتىمەنىڭ ئوغلىدۇرمەن، ئەلىنىڭ ئوغلىدۇرمەن، — دېدى ۋە ئورنىدىن تۇرۇپ مۇنداق دېدى:

قاچۇردى قورقۇنچى، پەس قىلدى شۇنى

كىمىكى جەڭگاھقا چىقماقتىن بىزار

ئۆتۈكى يىرتىقتىن شىكايەت – ئىششىق

شېغىللار قىرلىرى كەسكەچ يارىدار

ئۆلۈممۇ ئۇنىڭغا راھەتتى، ئەسلى

ھەر بەندە بوينىدا چوقۇم ئۆلۈم بار

ئەگەرچە ئاللاھ بىر دۆلەتنى بەرسە

كۈلىنى دۈشمەنلەر كۆككە سورۇتار

 

شۇنىڭ بىلەن ئۇ كۇفەگە يۈردى ۋە كۇفەدىن قارىي – قۇررا ۋە مۆتىۋەرلەر بىلەن (ھىشامغا قارشى ئۇرۇشقا ئاتلىنىپ) چىقتى. ئۇرۇش يۈز بەرگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلىرى ئۇنى تاشلاپ چېكىندى. ئۇ ئازغىنە جامائەت بىلەن قالدى. ئۇ قارشى تەرەپ بىلەن شىددەتلىك ئۇرۇش قىلدى، ھالبۇكى ئۇ مەردانە ھالدا مۇنداق دەيتتى:

 

ھاياتنىڭ خارلىقى، ئۆلۈم ئىززىتى

ئىككىسىن لەززەتلىك تائام كۆرىمەن

ئىككىدىن بىرىلا بولسا ئەگەردە

ئۆلۈمگە يۈرۈشلۈك يۈرىۋېرىمەن»(15)

 

ئۇرۇش ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى بىلەن ئاخىرلاشتى.

[61] بۇ مەلۇماتتىن شۇنى يەكۈنلىگىلى بولىدۇكى، ئىمام زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىتائەتنى چىڭ تۇتاتتى، جامائەتتىن ئايرىلمايتتى، (زالىمدىن) قورقمايتتى. بۇنىسى ھەقىقەتتۇر. ئۇ ئىلىمگە ئامراق ئىدى، ئۇنىڭ ئۆز دەۋرىنىڭ ئالىملىرى بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتلىرى بار ئىدى، ئۇلار ئۇنىڭدىن تەلىم ئالاتتى. ۋاسىل ئىبنى ئەتائمۇ ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەت باغلىغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن تەلىم ئالغان. ئىمام ئەبۇ ھەنىفەمۇ ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەت باغلىغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن تەلىم ئالغان. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ئۇنىڭغا يان باساتتى ۋە ئۇنىڭ تەرىپىدە تۇراتتى. زەيدنىڭ ئۇمەۋىيلەر قوشۇنى بىلەن ئۇرۇشۇشى ھەققىدە ئىمام ئەبۇ ھەنىفە: «ئۇنىڭ بۇ ئۇرۇشى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بەدر كۈنىدىكى ئۇرۇشىغا ئوخشىدى» دېگەن.

ئىمام زەيد فەقىھ ۋە مۇتەكەللىم بولۇپ، ئۇنىڭ فىقھ ساھەسىدە «ئەلمەجمۇﺋ (الْمَجْمُوعُ)» ناملىق كىتابى بار. ئاللاھ خاھلىسا فىقھىي مەزھەبلەر بابىدا ئۇ ھەقتە توختىلىمىز.

[62] زەيدىيلەرنىڭ ئېتىقادىچە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆزى ۋەسىيەت قىلغان ئىمامنى ئۇنىڭ ئىسمى ۋە كىملىكى بىلەن بەلگىلىمەيدۇ، بەلكى ئۇنى سۈپەتلەپ تونۇشتۇرىدۇ، تونۇشتۇرۇلغان سۈپەتلەر پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن كېيىن ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ئىمام قىلىپ كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، ئۇ سۈپەتلەر ئەلىدە ئەمەلىيلەشكەنچىلىك ھېچكىمدە ئەمەلىيلەشمىدى، بۇ سۈپەتلەر ئىمامنىڭ ھاشىم جەمەتىدىن بولۇشىنى، پەرھىزكار، تەقۋادار، ئالىم، سېخىي بولۇشىنى، ئۆزىنىڭ ئىماملىقىنى جاكارلاپ باشقىلارنى ئۆزىگە چاقىرىشىنى تەقەززا قىلىدۇ. ئەلىدىن كېيىنكى ئىمامنىڭ فاتىمىي بولۇشى، يەنى فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئەۋلادىدىن بولۇشى شەرت قىلىنىدۇ.

زەيدنىڭ «ئىمام ئۆزىنىڭ ئىماملىقىنى جاكارلاپ چىقىشى ۋە باشقىلارنى ئەتراپىغا چاقىرىشى كېرەك» دېگەن شەرتىگە ئۇنىڭ شىئەلىرى (تەرەپدارلىرى) دىن ۋە ئۆز جەمەتىدىن بولۇپ، ئاكىسى مۇھەممەد باقىر باشچىلىقىدا خېلى كۆپ كىشىلەر ئۇنىڭغا قارشى چىققان. رىۋايەت قىلىنىشىچە، مۇھەممەد باقىر ئۇنىڭغا ئېيتقانكى: «سېنىڭ مەزھەبىڭ بويىچە بولغاندا، داداڭ (ئەلى ئىبنى ھۈسەين) ئىمام ئەمەس. چۈنكى، ئۇ ھەرگىزمۇ ئۆزىنىڭ ئىماملىقىنى جاكارلاپ، باشقىلارنى ئۆزىگە دەۋەت قىلغان ئەمەس، جاكارلاپ چىقىشنىمۇ تىلغا ئالغان ئەمەس».

ئىمام زەيد تۆۋەن تەبىقىلىك كىشىنىڭمۇ ئىمام بولۇشىنى دۇرۇس دەپ قارايتتى. دېمەك، ئۇ تىلغا ئالغان ئىمامدا بولۇشقا تېگىشلىك سۈپەتلەر ئىماملىقنىڭ توغرا بولۇشى ئۈچۈن ھازىرلىنىشى ۋاجىب بولغان سۈپەتلەر ئەمەس، بەلكى ئۇ مۇكەممەل ئەڭ ياخشى ئىمامنىڭ سۈپەتلىرىدۇر. بۇنداق ئىمام ئىماملىققا باشقىلاردىن بەكرەك لايىقتۇر. ئەگەر ئۈممەت ئىچىدىكى گېپى ئۆتىدىغان نوپۇزلۇق كىشىلەر بۇ سۈپەتلەرنىڭ بەزىلىرىنى تولۇق ھازىرلىمىغان بىرىنى ئىماملىققا تاللاپ، ئۇنىڭغا بەيئەت بەرسە، ئۇنىڭ ئىماملىقى دۇرۇس بولىدۇ، باشقىلارنىڭ ئۇنىڭغا بەيئەت قىلىشى لازىم بولىدۇ.

بۇ پرىنسىپقا ئاساسەن، ئىمام زەيد ئەبۇبەكرى بىلەن ئۆمەرنىڭ ئىماملىقىنى ئېتىراپ قىلغان ۋە ساھابەلەردىن ھېچكىمنى كافىرغىمۇ چىقارمىغان. ئۇ بۇ توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن: «شۈبھىسىزكى، ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب ساھابەلەرنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى، بىراق ساھابەلەر ئومۇمىي مەنپەئەتنى كۆزدە تۇتۇپ، فىتنە قالايمىقانچىلىقىنى بېسىقتۇرۇش ۋە ئاۋام – خەلقنىڭ كۆڭلىنى ئەمىن تاپقۇزۇش قاتارلىق دىنىي قائىدىگە رىئايە قىلغانلىقتىن، خىلافەت ئەبۇبەكرىگە تاپشۇرۇلغان. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بار كۈنلەردە يۈز بەرگەن ئۇرۇشلارنىڭ ھىدى تېخى كەتمىگەنىدى، مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى ئەلى ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇشرىكلەرنىڭ قانلىرى بىلەن بويالغان قىلىچى تېخى قۇرۇمىغانىدى. قەۋمنىڭ قەلبلىرىدىكى ئۆچمەنلىك ئوتلىرى تېخى ئۆز پېتى ئىدى، قەلبلەر تېخى ئۇنىڭغا پۈتۈنلەي مايىل بولمىغانىدى، گەردەنلەر ئۇنىڭغا تېخى پۈتۈنلەي ئېگىلمىگەنىدى. شۇڭا، بۇ ۋەزىپىنى مۇلايىملىق ۋە دوستانىلىق، ياشتا چوڭلۇق، ئىسلامغا ھەممىدىن بۇرۇن كىرىش ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە يېقىنلىقى قاتارلىق پەزىلەتلەر بىلەن تونۇلغان بىر كىشىنىڭ ئورۇنلىشى ئىسلامنىڭ مەنپەئەتى ئىدى».

بۇ پرىنسىپمۇ بىرىنچى سەۋەبكە قوشۇلۇپ، كۆپلىگەن شىئەلەرنىڭ ئىمام زەيدكە قارشى چىقىشىغا سەۋەب بولغانىدى. ئابدۇلقاھىر ئەلباغدادىينىڭ «ئەلفەرق بەينەل فىرەق (الْفَرْقُ بَيْنَ الْفِرَقِ)» ناملىق كىتابىدا مۇنداق بايانلار كەلگەن: «زەيد تەرەپ بىلەن يۈسۈف ئىبنى ئەمر سەقەفىي تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش تازا قىزىغان چاغدا، زەيدنىڭ تەرەپدارلىرى ئۇنىڭغا: ‹بوۋاڭ ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىبقا زۇلۇم قىلغان ئەبۇبەكرى بىلەن ئۆمەر ھەققىدىكى قارىشىڭنى دەپ بەرگىنىڭدىن كېيىن، بىز دۈشمەنلىرىڭگە قارشى ساڭا ياردەم بېرىمىز› دېدى. ئۇ: ‹مەن ئۇلار توغرۇلۇق پەقەت ياخشى گەپنىلا دەيمەن، مېنىڭ قارشى تۇرىدىغانلىرىم پەقەت بوۋام ھۈسەيننى ئۆلتۈرگەن، ھەررە كۈنى مەدىنەگە ھۇجۇم قوزغاپ، بەيتۇللاھقا مەنچاناق بىلەن تاش ۋە ئوت ئاتقان بەنى ئۇمەييەلەردۇر› دېگەندىن كېيىن، ئۇلار شۇ يەردىلا ئۇنى تاشلاپ كەتتى»(16).

زەيدىي مەزھەبى: «ئايرىم – ئايرىم ئىككى رايوندا ئىككى ئىمام بولۇپ، يۇقىرىقى سۈپەتلەر بىلەن بېزەلگەن بولسىلا ۋە ئىش ئۈستىدىكى گېپى ئۆتىدىغان نوپۇزلۇق كىشىلەر تەرىپىدىن ئەركىن سايلىنىپ چىققان بولسىلا، ئىككى رايوندا ئىككى ئىمامغا بەيئەت قىلىش دۇرۇس» دەپ قارايدۇ. بۇنىڭدىن چۈشىنىۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۇلار «بىر رايوندا ئىككى ئىمامنىڭ بولۇشىنى دۇرۇس» دەپ قارىمايدۇ. چۈنكى، ئۇنداق بولۇپ قالسا، كىشىلەرنىڭ ئىككى ئىمامغا بەيئەت قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. سەھىھ ھەدىس بىلەن ئۇ ئىش چەكلەنگەن.

زەيدىيلەر «چوڭ گۇناھ قىلغۇچى سەمىمىي تەۋبە قىلمىسا، دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ» دەپ قارايدۇ. ئۇلار بۇ مەسىلىدە مۇئتەزىلەلەرنىڭ يولىنى تۇتقان. چۈنكى، زەيدنىڭ مۇئتەزىلەلەرنىڭ بېشى ھېسابلىنىدىغان ۋاسىل ئىبنى ئەتاﺋ بىلەن مۇناسىۋىتى بار ئىدى. يۇقىرىقى سەۋەبلەرگە قوشۇلۇپ، بۇ ئالاقە بەزى شىئەلەرنىڭ زەيدنى ئۆچ كۆرۈشىگە سەۋەب بولغان. چۈنكى، ۋاسىل ئەلى كەررەمەللاھۇ ۋەجھەھۇ بىلەن شام ئەھلى ۋە جەمەل ئەھلى ئارىسىدا يۈز بەرگەن ئۇرۇشلاردا ئەلىنىڭ چوقۇملا ھەق ئۈستىدە بولمىغانلىقى، ئىككى تەرەپنىڭ بىرسىنىڭ خاتالاشقانلىقى، ئەمما مۇئەييەن ئەمەسلىكىنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەي دەيتتى.

شۇنىسى ئېنىقكى، شىئەلەر ئۆچ كۆرگەن بولسا، ئۇلارنىڭ ئۆچ كۆرۈشى پۈتكۈل مۇئتەزىلەلەر تۈپەيلىدىن ئەمەس، ۋاسىلنىڭ شەخسىيىتى تۈپەيلىدىندۇر. چۈنكى، ئومۇمەن شىئەلەرنىڭ ئەقىدىدىكى قاراشلىرى مۇئتەزىلەلەرنىڭ مېتودىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ، ئەمما ئەشئەرىيلەر بىلەن ماتۇرىيدىيلارنىڭ قارىشىغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.

[63] زەيد ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئورنىغا (ئوغلى) يەھيا چىقتى. ئۇمۇ ئۇمەۋىيلەرنىڭ ئاخىرقى دەۋرلىرىدە ئۆلتۈرۈلدى، ئاندىن ئۇنىڭدىن كېيىن ئىمام ئەبۇ ھەنىفەگە ئۇستاز بولغان ئابدۇللاھ ئىبنى ھەسەننىڭ ئىككى بالىسى مۇھەممەد بىلەن ئىبراھىم قارشىلىق كۆرسەتتى.

ئىبراھىم ئىراقتا قارشىلىق كۆرسەتتى، مۇھەممەد مەدىنەدە قارشىلىق كۆرسەتتى. ئۇ ئىككىسىنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشى بىلەن ئۇلۇغ ئىككى ئىمام — ئەبۇ ھەنىفە ئىراقتا، مالىك مەدىنەدە ئەزىيەتكە ئۇچرىدى. چۈنكى، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ئىراقتا كىشىلەرنى ئىبراھىمغا ياردەم بېرىشتىن توسماستىن، بەلكى ياردەم بېرىشكە قىزىقتۇرغان ياكى ئەقىل كۆرسەتكەن، ياكى ئاقلاپ قوللىغان ئىدى. (ئابباسىيلار خەلىفەسى) ئەبۇ جەئفەر مەنسۇرنىڭ كۆزلىرى ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنى پايلاپ تۇرۇۋاتاتتى. ئۇرۇش تۈگەپ، ئىشلار ئۆز ئەسلىگە قايتقان چاغدا، خەلىفە ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن بىرمۇبىر ھېساب ئېلىپ، ئۇنى جازالاشقا پۇرسەت تاپتى. ئۇ پۇرسەت بولسىمۇ ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنى قازىلىققا قىستاشتۇر. ئەگەر ئۇنىمىسا، ئۇنىڭغا خاھلىغىنىنى قىلاتتى. ئەمەلىيەتتىمۇ، ئۇنىڭ خاھلىغىنى بولدى. بۇ ھەقتە فىقھىي مەزھەبلەر بابىدا تەپسىلىي توختىلىمىز.

ئىمام مالىكقا كەلسەك: ئۇ «مەجبۇرلانغۇچىنىڭ قەسىمى ھېساب ئەمەس» دەپ پەتۋا بەرگەنىدى. مۇھەممەد نەفسىزەكىييە بىلەن بىللە قارشى چىققۇچىلارنىڭ كۆپى مەنسۇرغا بېرىلگەن بەيئەتنىڭ (كىشىلەرنىڭ رازىلىقىسىز) مەجبۇرىي ئېلىنغانلىقىنى دەۋا قىلىپ، ھەدىستىن يەكۈنلەنگەن بۇ پەتۋانى ئىسيان كۆتۈرۈشنىڭ ۋاسىتىسى قىلغانىدى. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئىمام مالىكتىن بۇ قارشى چىقىش ھەققىدە سورالغاندا، ئۇ ئېيتقانكى: «ئەگەر قارشى چىقىش ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزدەك كىشىگە بولسا دۇرۇس ئەمەس. ئەگەر ئۇنىڭدەك كىشىگە بولمىسا، ئۇلارنى (يەنى قارشى چىققانلارنى) ئۆز مەيلىگە قويۇپ بەرگىنكى، ئاللاھ زالىمدىن زالىم بىلەن ئىنتىقام ئالىدۇ، ئاندىن ھەرئىككىلىسىدىن ئىنتىقام ئالىدۇ».

ئەبۇ جەئفەرنىڭ پايلاقچى كۆزلىرى ئىمام مالىكتىنمۇ بىخەبەر قالمىغانىدى. نەتىجىدە ئۇنىڭغا مەدىنەنىڭ ۋالىيسى قاتتىق ئەزىيەتلەرنى سالدى. ئەزىيەتلەرنى سېلىپ بولغاندىن كېيىن، ئەبۇ جەئفەر ۋالىينى ئۇنداق قىلىشقا بۇيرۇمىغانلىقىنى دەۋا قىلدى. فىقھىي مەزھەبلەر ھەققىدە توختىلىپ ئىمام مالىكنىڭ ھاياتىنى سۆزلىگىنىمىزدە، بۇلارغا روشەن بىر ئېنىقلىما بېرىمىز.

[64] شۇنىڭدىن كېيىن زەيدىي مەزھەبى ئاجىزلاشتى، باشقا شىئە مەزھەبلەر ئۇنىڭغا غالىب كەلدى ياكى ئۆزلىرىگە قوشۇۋالدى ۋەياكى بەزى پرىنسىپلىرى بىلەن بىرلىشىپ كەتتى. شۇڭا، ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ مەزھەبنىڭ نامىنى كۆتۈرۈپ يۈرگەنلەر تۆۋەن تەبىقىلىك ئادەمنىڭ ئىمام بولۇشىنى دۇرۇس سانىمايدىغان بولدى. نەتىجىدە ئۇلار راۋافىزلاردىن سانىلىدىغان بولدى. راۋافىزلار دېگەن ئەبۇبەكرى بىلەن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ ئىماملىقىنى رەت قىلغانلاردۇر. شۇنىڭ بىلەن دەسلەپكى زەيدىيلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى يوق بولدى.

بۇنىڭغا بىنائەن دەيمىزكى، زەيدىيلەر ئىككى قىسىمدۇر، بىرى ئۇلارنىڭ ئىلگىرىكىلىرى. ئۇلار راۋافىز دەپ سانالمايدۇ، ئۇلار ئەبۇبەكرى ۋە ئۆمەرنىڭ ئىماملىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. يەنە بىرى كېيىنكىلىرى. ئۇلار ئەبۇبەكرى بىلەن ئۆمەرنىڭ ئىماملىقىنى رەت قىلىدۇ، بۇلار راۋافىز دەپ سانىلىدۇ.

زەيدىي مەزھەبى ھازىرمۇ يەمەندە بار، ئۇ ئىلگىرىكى زەيدىي مەزھەبىگە يېقىنراقتۇر.

ئىمامىيلار (ئون ئىككى ئىمامچىلار)

[65] «ئىمامىي شىئەلەر» دېگەن نامنى كۆتۈرۈپ يۈرگەن بۇ تائىپىنىڭ ئىچىگە ئىران، ئىراق، پاكىستان ۋە باشقا ئىسلام ئەللىرىدىن ئىبارەت ئىسلام دۇنياسىدا ھازىر بار بولغان ئەڭ چوڭ شىئە مەزھەبى كىرىپ كېتىدۇ. شۇنداقلا يەنە ئۇنىڭ ئىچىگە «قۇرئان كەرىم» نەسلىرىدىن بىرەر نەسكە ياكى دىندا ئوچۇق – ئاشكارا مەلۇم بولغان بىرەر ئىشقا خىلاپلىق قىلغۇدەك دەرىجىدە ئېتىقادلىرى بۇزۇلمىغان تائىپىلەرمۇ ھەمدە ئېتىقادلىرى ۋە ئەمەللىرىنى يوشۇرۇن تۇتسىمۇ، ئىسلامغا ئېغىر قايمۇقۇش بىلەن كىرمىگەن باشقا تائىپىلەرمۇ كىرىپ كېتىدۇ. تۆۋەندە بۇ مەزھەبلەرگە قىسقىچە ئىشارە قىلىپ ئۆتىمىز.

[66] «ئىمامىيلار» دەپ ئاتىلىشىدىن چىقىپ تۇرغاندەك، بۇلارنىڭ ئورتاق نۇقتىسى شۇكى، ئۇلار ئىمام زەيد ئىبنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دېگەننىڭ ئەكسىچە مۇنداق دەيدۇ: «ئىماملار سۈپىتى بىلەن تونۇشتۇرۇلمىغان، بەلكى كىملىكى بىلەن تونۇشتۇرۇلغان. ئىمام ئەلى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن. ئەلى بولسا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋەسىيىتى بىلەن ئۆزىدىن كېيىنكىسىنى تەيىنلەيدۇ. ئۇلار ۋەسىيلەر دەپ ئاتىلىدۇ». ئىمامىيلار «ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئىماملىقى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەلىنىڭ سۈپىتىنى دارىتمىلاپ قويۇشى بىلەن ياكى ئۇنىڭغا كۆز ئىشارىتى قىلىشى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ ئوچۇق ۋە قەتئىي نەسسى بىلەن ئىسپاتلانغان» دەپ بىرلىككە كەلگەن. ئۇلار ئېيتىدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ دۇنيادىن ئۈممەتنىڭ كېلەچىكىدىن كۆڭلى خاتىرجەم ھالدا كېتىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئىسلام دىنىدا ئىمام بەلگىلىشىدىنمۇ مۇھىم ئىشى يوق. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىختىلاپنى يوقىتىش ۋە ئىتتىپاقلىقنى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈممەتنى ھەركىم ئۆز ئالدىغا ھەر خىل قاراشتا بولىدىغان، ھەركىم ئۆز يولىدا ماڭىدىغان، باشقىلار بىلەن بىرلىشەلمەيدىغان رەۋىشتە ئۆز مەيلىگە تاشلاپ قويۇشى جائىز ئەمەس، بەلكى ھەممە ئاغزىغا قارايدىغان بىر شەخسنى، ئىشەنچلىك ۋە ئامانەتدار بىرىنى بەلگىلىشى كېرەك. ئەلى بولسا ئېنىق پەيغەمبەر نەسسى بىلەن بەلگىلەنگەن كىشىدۇر»(17).

ئۇلار ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئىماملىققا بەلگىلەنگەنلىكىگە ئۆزلىرى راست ۋە سەنەدى سەھىھ دەپ ئىشىنىدىغان پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بەزى ھەدىسلىرىنى دەلىل قىلىدۇ. مەسىلەن: «مَنْ كُنْتُ مَوْلاَهُ فَعَلِيٌّ مَوْلاَهُ، اللَّهُمَّ وَالِ مَنْ وَالاَهُ، وعَادِ مَنْ عَادَاهُ / مەن كىمنىڭ دوستى بولسام، ئەلىمۇ ئۇنىڭ دوستىدۇر. ئى ئاللاھ! ئۇنى دوست تۇتقانلارنى دوست تۇتقىن، ئۇنى دۈشمەن تۇتقانلارنى دۈشمەن تۇتقىن»(18)، «أَقْضَاهُمْ عَلِيٌّ / ئۇلارنىڭ قازىلىقتا ئەڭ ياخشىسى ئەلىدۇر»(19). ئۇلارغا مۇخالىپ بولغانلار بۇ ھەدىسلەرنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە مەنسۇپلۇقىدىن شەكلىنىدۇ(20).

ئىمامىيلار يەنە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن سادىر بولغان بىر قىسىم ۋەقەلەردىن يەكۈنلىگەن يەكۈنلىرىنى دەلىل قىلىدۇ. شۇ جۈملىدىن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھابەلەردىن ھېچكىمنى قەتئىي ئەلىنىڭ ئۈستىگە ئەمىر قىلمىغان. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قاتناشمىغان، ئۇ قاتناشقان ھەر ئۇرۇشتا ياكى ھەر قوشۇندا ئۇ ئەمىر بولغان. ئەكسىچە، ئەبۇبەكرى، ئۆمەر ۋە باشقا چوڭ ساھابەلەر بەزىدە ئەمىر بولغان، يەنە بەزىدە ئۇلاردىن باشقىلار ئەمىر بولغان. بۇنىڭغا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆزىدىن كېيىن ئۇسامەنىڭ قوشۇنغا ئەمىر بولۇشىغا ۋەسىيەت قىلغان ئۇسامە قوشۇنى تېخىمۇ بەكرەك دەلىل بولىدۇ، ھالبۇكى ئۇ قوشۇن ئىچىدە ئەبۇبەكرى ۋە ئۆمەرمۇ بار ئىدى. ئىمامىيلار ئۆزلىرىنىڭ ئېتىقادىچە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆزى ۋەسىيەت قىلغان خىلافەتنى ئۇ ئىككىسىنىڭ ئەلىدىن تالاشماسلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنى ئۇسامە قوشۇنى بىلەن جەڭگە ئەۋەتىۋەتكەن (ۋە ئەلىنى ئۆزىگە خەلىفە قىلىش ئۈچۈن يېنىدا ئېلىپ قالغان) دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ.

ئۇلار يەنە مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەبۇبەكرىنى ھەجگە ئەمىر قىلىپ، «بەرائە» (يەنى «تەۋبە») سۈرىسى نازىل بولغاندا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەلىنى ھەج مەۋسۇمىدا مەزكۇر سۈرىنى ئوقۇپ بېرىشكە ئەۋەتكەن، ئەبۇبەكرى ئەمىر بولسىمۇ، ئۇنى ئەۋەتمىگەن».

[67] ئۇلار ئەلىنىڭ (رەسۇلۇللاھ تەرىپىدىن) تەيىنلەنگەنلىكىگە ئۆزلىرى «سەھىھ» دەپ قارىغان ھەدىسلەرنى، شۇنداقلا ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئىماملىقىغا ئوچۇق نەس مەنىسىدە دەپ قارىغان ئىشلارنى مۇشۇنداق دەلىل قىلىدۇ. كۆپچىلىك ئالىملار مەزكۇر ھەدىسلەرنىڭ سەھىھلىكىدە ئۇلارغا قارشى پىكىردىدۇر، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ مەزكۇر ئىشەنچلىك ۋەقەلەردىن چىقارغان يەكۈنلىرىنىڭ توغرىلىقىدىمۇ ئۇلارغا قارشى پىكىردىدۇر. ئىمامىيلار ئۆزلىرى ئارىسىدا ئەلىنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋەسىيسى ئىكەنلىكى ۋە بۇنىڭ نەس بىلەن ئىسپاتلانغانلىقىغا ئىتتىپاقلاشقاندەك، ئەلىدىن كېيىنكى ۋەسىيلەر ئۇنىڭ فاتىمەدىن بولغان بالىلىرى: ئاۋۋىلى ھەسەن، ئاندىن ھۈسەين (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن!) دەپ قارار قىلغان. ئۇلار بۇنىڭدا بىردەكلىككە ئىگىدۇر. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار بۇلاردىن كېيىنكى ئىماملار ھەققىدە ئوخشىمىغان پىرقەلەرگە بۆلۈنۈپ ئىختىلاپلاشقان. دېيىلىشىچە، ئۇلار شۇنىڭدىن كېيىن 70 تىن كۆپ پىرقەگە بۆلۈنۈپ ئىختىلاپلاشقان. ئۇ پىرقەلەرنىڭ ئەڭ چوڭلىرى ئىككى، بىرى «ئون ئىككى ئىمام» پىرقەسى، يەنە بىرى ئىسمائىلىييە پىرقەسىدۇر.

[68] ئون ئىككى ئىمامچىلار خىلافەت ھۈسەيندىن كېيىن ئەلى زەينۇلئابىدىنغا، ئۇنىڭدىن كېيىن مۇھەممەد باقىرغا، ئۇنىڭدىن كېيىن ئەبۇ ئابدۇللاھ جەئفەر سادىق ئىبنى مۇھەممەد باقىرغا، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى مۇسا كازىمغا، ئۇنىڭدىن كېيىن ئەلى رىزاغا، ئۇنىڭدىن كېيىن مۇھەممەد جەۋۋادقا، ئۇنىڭدىن كېيىن ئەلى ھادىيغا، ئۇنىڭدىن كېيىن ھەسەن ئەسكەرىيگە، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى — ئون ئىككىنچى ئىمام — مۇھەممەدكە تەۋە دەپ قارايدۇ. ئۇلار بۇ ئون ئىككىنچى ئىمامنى سۇررەمەنرەئا (كېيىنكى نامى سائەمەنرەئا / سامەرراﺋ) دا دادىسىنىڭ ئۆيىدىكى بىر لەخمىگە كىرىپ كېتىپ، قايتا چىقمىغان دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ. ئاندىن ئۇلار ئۇ غايىب بولغان ۋاقىتتىكى يېشى ھەققىدە ئىختىلاپلاشقان، بەزىسى: «شۇ چاغدا تۆت ياش ئىدى» دېسە، يەنە بەزىسى: «سەككىز ياش ئىدى» دېگەن. شۇنىڭدەك يەنە ئۇلار ئۇنىڭغا ھۆكۈم قىلىشتىمۇ ئىختىلاپلاشقان بولۇپ، بەزىسى: «ئۇ شۇ يېشىدا ئىمام بىلىشى كېرەك بولغان نەرسىلەرنى بىلىپ بولغان، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش ۋاجىب» دېگەن. يەنە باشقىلار: «ئۇنىڭغا ئۇنىڭ مەزھەبىدىكى ئالىملار ھۆكۈم چىقىرىدۇ» دېگەن. ھازىرقى زاماندىكى ئىمامىيلار مۇشۇ ئاخىرقى قاراش بويىچە ماڭىدۇ.

[69] ئون ئىككى ئىمامچىلار ھازىرمۇ ئىراقتا بار، ئىراقتىكى 50 پىرسەنتكە يېقىن كۆپلىگەن شىئەلەر ئەقىدىلىرىدە، ھەق تەلەپ دەۋا ئىشلىرى، مىراس، ۋەسىيەت، ۋەقف، زاكات ۋە ئىبادەت ھەممە تۈزۈملىرىدە شۇلارنىڭ مەزھەبىنىڭ تەلىپى بويىچە ماڭىدۇ، ئىرانلىقلارنىڭمۇ كۆپىنچىسى شۇنداق. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى سۈرىيە، لىۋان ۋە كۆپلىگەن ئىسلامىي ئەللەرگە چېچىلىپ كەتكەن. ئۇلار ئۆزلىرىگە قوشنا سۈننىيلەرگە دوستانە مۇئامىلە قىلىدۇ، ئۇلار بىلەن ئۆچەكەشمەيدۇ.

ئون ئىككى ئىمام پىرقەسى باشقا ئىمامىي پىرقەلەرگە ئوخشاش ئىمامدا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋەسىيەت قىلىشى بىلەن ئېرىشىدىغان مۇقەددەس بىر نوپۇزنى پەرەز قىلىدۇ. چۈنكى، (ئۇلارنىڭ قارىشىچە) ئۇنىڭ ئۈممەتنىڭ ئىشىغا ئىگە بولۇشى ۋەسىيەت بىلەن بولغاندەك، ئۇنىڭ بارلىق ئىش – پائالىيەتلىرى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئىبارەت ئۇشبۇ ۋەسىيەت ساھىبىدىن ئېتىلىپ چىققان.

شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز بۇ يەردە ئىمامنىڭ قانۇن – ئەھكاملاردىكى ھوقۇق دائىرىسىنى سۆزلەيمىز.

ئىمامىيلارنىڭ نەزەرىدىكى ئىمامنىڭ ئورنى

[70] ئىمامىيلار «ئىمامنىڭ قانۇن – ئەھكام چىقىرىش ھوقۇقىغا نىسبەتەن، ئىمامنىڭ قانۇن چىقىرىشقا تولۇق ھوقۇقى بار، ئۇنىڭ ئېغىزىدىن چىققاننىڭ ھەممىسى شەرىئەتنىڭ جۈملىسىدىن، ئىمامدىن شەرىئەتكە مۇخالىپ ئىشلارنىڭ سادىر بولۇشى مۇمكىن ئەمەس» دەپ ئىشىنىدۇ. بۇ توغرۇلۇق ئەللامە شەيخ مۇھەممەد ھۈسەين ئال كاشىفۇلغىتاﺋ مۇنداق دەيدۇ: «ئىمامىيلار شۇنداق ئېتىقاد قىلىدۇكى، ئاللاھ تائالانىڭ ھەر ئىشقا نىسبەتەن بىر ھۆكمى بار، مۇكەللەف(21)لەرنىڭ ھەرقانداق بىر ئەمەلى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ بەش ھۆكمىدىن بىر ھۆكمى بار: ئۇلار ۋاجىب، ھارام، مەكرۇھ، مەندۇب ۋە مۇباھتۇر. ئاللاھ تائالا مەزكۇر ئەھكاملارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىنىڭ ئاخىرقى پەيغەمبىرىگە ئامانەت قىلدى. ئۇنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاللاھنىڭ ۋەھيىسى بىلەن ياكى ئىلھام بىلەن بىلدى… ئالەمدىكى بارلىق مۇسۇلمانلارغا تەبلىغ قىلغۇچى بولۇشلىرى ئۈچۈن، ﴿لِّتَكُونُواْ شُهَدَآءَ عَلَى ٱلنَّاسِ وَيَكُونَ ٱلرَّسُولُ عَلَيۡكُمۡ شَهِيدٗاۗ / سىلەرنىڭ ئىنسانلارغا شاھىد بولۇشۇڭلار، پەيغەمبەرنىڭ سىلەرگە شاھىد بولۇشى ئۈچۈن… ﴾(2/«بەقەرە»: 143) ئۇ ئەھكاملارنىڭ كۆپىنى ھەر كۈنى ھۇزۇرىدا پىرقىراپ ۋە چۆرگىلەپ يۈرىدىغان ساھابەلىرىگە بايان قىلىپ بەردى. (رېئاللىقتا) ئورۇنلىنىشىغا تۈرتكىلەر تېپىلمىغان يەنە كۆپلىگەن ئەھكاملار قالدى. تەدرىجىي ئىش كۆرۈش ھېكمىتى بىر قىسىم ئەھكاملارنى بايان قىلىشنى، يەنە بىر قىسمىنى يوشۇرۇشنى تەقەززا قىلاتتى، لېكىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يوشۇرۇلغان شۇ ئەھكاملارنى ئۆزىنىڭ ۋەسىيلىرىگە ئامانەت قىلدى. مەزكۇر ئەھكاملارنى ھەربىر ۋەسىي يەنە بىرىگە ھاۋالە قىلىدۇ ھەمدە ئەھكاملارنىڭ ئام(22) – خاس(23)، مۇتلەق(24) – مۇقەييەد(25)، مۇجمەل(26) – مۇبەييەن(27) …لىرىنى ھېكمەت بويىچە مۇناسىپ ۋاقىتتا ئاشكارىلاپ تارقىتىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم گاھىدا ئام بىر سۆزنى دېسە، بىر مەزگىلدىن كېيىن شۇ سۆزنىڭ خاس تەرىپىنى دەيدۇ، بەزىدە دېمەي، ئۇنى ئۆز ۋاقتى كەلگۈچە ۋەسىيسىگە ئامانەت قىلىدۇ»(28).

بۇلار شۇ مۆھتەرەم ئەپەندىنىڭ سۆزى بولۇپ، بىز ئۇنى ئۈزۈندە قىلىپ كەلتۈردۇق. قانۇن – ئەھكام چىقىرىشقا نىسبەتەن بۇ سۆزدىن ۋە باشقىسىدىن مۇنداق ئۈچ ئىشنى خۇلاسىلەيمىز:

بىرىنچى: ۋەسىيلەر دەپ ئاتالغان ئىماملارغا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم شەرىئەتنىڭ سىرلىرىنى ئامانەت قىلغان. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم شەرىئەتنى پۈتۈنلەي بايان قىلماي، بەلكى بەزىسىنى بايان قىلغان. ئۆز زامانى تەقەززا قىلغان ئەھكاملارنى بايان قىلغان، ئۆزىدىن كېيىنكى زامانلار تەقەززا قىلغان ئەھكاملارنى ۋەسىيلەرنىڭ بايان قىلىشىغا قالدۇرۇپ، ئۇلارغا بۇنى ئامانەت قىلغان.

ئىككىنچى: ۋەسىيلەرنىڭ دېگەنلىرى پەيغەمبەرلىكنىڭ تامامى سۈپىتىدە ئىسلام شەرىئىتىدۇر. دېمەك، ئۇلارنىڭ سۆزلىرى دىندا شەرىئەتتۇر، ئۇلارنىڭ سۆزلىرى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۇلارغا قىلغان ئامانىتى سۈپىتىدە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۆزىنىڭ ئورنىدىدۇر. دېمەك، ئۇلار قانۇن – ئەھكاملارنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ نامىدىن چىقىرىدۇ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئامانىتىنى سۆزلەيدۇ.

ئۈچىنچى: ئىماملار ئام دەلىللەرنى خاسلاشتۇرالايدۇ، مۇتلەق دەلىللەرنى مۇقەييەد قىلالايدۇ.

[71] قانۇن چىقىرىشقا نىسبەتەن ئىمامنىڭ مۇشۇنداق نوپۇزى بولغانىكەن، ئۇلار ئىمامنىڭ خاتالىقتىن، ئۇنتۇپ قېلىشتىن ۋە گۇناھتىن مەسۇم بولىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. دېمەك، (ئۇلارنىڭ نەزەرىدە) ئىمام بىغۇبار ۋە پاك قىلىنغان كىشىدۇر. ئىمامىيلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇنىڭغا بىرلىككە كەلگەن ۋە ئون ئىككى ئىمام مەزھەبى كىتابلىرىدا بۇ ئوچۇق بايان قىلىنغان. شەرىف مۇرتەزا «ئەششافىي (الشافي)» ناملىق كىتابىدا ئېيتقانكى:

«بىزنىڭ ۋە بىزگە مۇخالىپ كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە شۇنىسى ئېنىقكى، شەرىئەتتە ھەد ۋە ئەھكاملارنى ئىجرا قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان بىر ئىمام كېرەك. بۇ ئېنىق بولسا، ئىمامنىڭ مەسۇم بولۇشى ۋاجىب بولىدۇ. چۈنكى، ئىمام دىنىي ئىشلارنى بېجىرىدىغان بولغاچقا، ئەگەردە مەسۇم بولمىسا، ئۇنىڭ دىندا خاتالىشىشى مۇمكىن بولۇپ قالىدۇ. لېكىن، بىز ئۇ خاتالىشىپ قالسىمۇ ئەگىشىشكە، كەينىدىن مېڭىشقا بۇيرۇلغانمىز. ئۇنداق بولغان ئىكەن، بۇ ئەھۋال بىزنىڭ بىر جەھەتتىن يامان ئىشقا بۇيرۇلغان بولۇشىمىزنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بىزنىڭ يامان ئىشقا بۇيرۇلغان بولۇشىمىز مۇمكىن ئەمەس ئىكەن، دىندا بىز ئەگىشىشكە، ئۈلگە قىلىشقا بۇيرۇلغان كىشىنىڭ مەسۇم بولۇشى ۋاجىبتۇر»(29).

ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئىمامنىڭ مەسۇملۇقى زاھىر ۋە باتىن بولىدۇ، شۇنداقلا ئۇ ئىمام بولۇشتىن بۇرۇنمۇ، ئىمام بولغاندىن كېيىنمۇ مەسۇم بولىدۇ. بۇ ھەقتە ئۇلارنىڭ شەيخلىرىدىن تۇسىي دەيدۇكى: «ئۇلۇغلاش ۋە ھۆرمەتلەشنى تەقەززا قىلىدىغان ئىماملىققا لەنەتكە ۋە باتىنىي جەھەتتىن پاكلىنىشقا لايىق بىر كىشىنى ئىگە قىلىپ قويۇش ھېكمەتلىك ئاللاھقا لايىق كەلمەيدۇ. چۈنكى، ئۇنداق قىلىش ئەخمىقانىلىقتۇر. شۇنىڭدەك، ئىمامنىڭ ئىمام بولۇشتىن بۇرۇنقى ئەھۋاللىرىدىمۇ مەسۇم بولۇشى لازىمدۇر، يەنى ئىمامنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدە ھۆججەت ئىكەنلىكى ئېنىق بولسا، ئۇنىڭ ئىماملىقتىن بۇرۇنمۇ مەسۇم بولۇشى لازىم بولىدۇ. چۈنكى، خۇددى پەيغەمبەرلەر ھەققىدە دېگىنىمىزدەك، ئەگەر ئىماملىقتىن بۇرۇن مەسۇم بولمىسا، بۇ ھال كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭدىن ئۈركۈشىگە ئېلىپ بارىدۇ»(30).

[72] ئىمامىيلار ئىمامنىڭ ئىماملىقىنىڭ ئىسپاتلىنىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ قولىدا ئادەتتىن تاشقىرى ئىشلارنىڭ جارى بولۇشىنى مۇمكىن سانايدۇ. ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ قولىدا جارى بولغان ئادەتتىن تاشقىرى ئىش مۇئجىزە دەپ ئاتالغاندەك، ئۇلار ئىمامنىڭ قولىدا جارى بولغان ئادەتتىن تاشقىرى ئىشنى مۇئجىزە دەپ ئاتايدۇ.

ئۇلار يەنە: «مەلۇم ئىمامنىڭ ئىماملىقى توغرىسىدا ئىماملاردىن بىرەر نەس بولمىسا، ئۇ مۇئجىزە كۆرسىتىپ ئۆزىنىڭ ئىماملىقىنى ئىسپاتلىشى كېرەك» دەيدۇ. ئۆز دەۋرىدىكى مەزكۇر تائىپىنىڭ شەيخى تۇسىي ئېيتقانكى: «ئىمامنى بىلىش گاھىدا نەس بىلەن، يەنە گاھىدا مۆجىزىلەر بىلەن بولىدۇ. قاچانكى نەقىل قىلغۇچىلار مەلۇم ئىمامنىڭ ئىماملىقىغا ئۆزرىنى كېسىپ تاشلىغۇدەك دەرىجىدە ئىماملاردىن نەس نەقىل قىلسا، مەقسەت ھاسىل بولغان بولىدۇ. ئەگەر ئۇلار نەس نەقىل قىلمىسا ۋە ئۇنىڭ بىلەن كارى بولماي، ئۇنىڭ غەيرىگە يۆتكەلگەن بولسا، كىشىلەرنىڭ ئۇ ئىمامنى بىلەلىشى ۋە پەرق ئېتەلىشى ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ ئۇنىڭ قولىدا ئۇنى باشقىلاردىن ئايرىغۇدەك بىر مۇئجىزە كۆرسىتىپ بېرىشى ۋاجىب بولىدۇ»(31).

[73] ئىشارە قىلغىنىمىزدەك، ئىمامىيلارنىڭ نەزەرىدە ئىمام شەرىئەتكە ئالاقىدار ھەممە نەرسىنى ۋە ئۆزىگە ۋەسىيەت قىلىنغان ھۆكۈمنى تولۇق بىلىدۇ. بۇ ھەقتىمۇ تۇسىي: «شۇ ئېنىقكى، ئىمام دىننىڭ ھەممە ساھەسىدە ئىمامدۇر، چوڭ – كىچىك، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن جىمى ھۆكۈمگە ئىگىدۇر، ئۇنىڭ جىمى ئەھكاملارنى بىلىدىغان بولماسلىقى جائىز ئەمەس. بۇ ئۇنىڭ سۈپىتىدۇر. چۈنكى، ئىشقا بىلمەيدىغان ئادەمنى ئىگە قىلىش ھەم ئىشنىڭ كامىل بولۇشىنى تەلەپ قىلىش ئاقىللارنىڭ نەزەرىدە ئېنىقلا ناتوغرا قىلىقتۇر» دەيدۇ.

(ئۇلارنىڭ قارىشىچە) بۇ بىپايان ئىلىم ئىمامغا نە ئىمكان بىلەن ۋە نە ئىجتىھاد بىلەن كەلگەن ئەمەس، بەلكى ئاللاھ تەرەپتىن ئىلھام يولى بىلەن كەلگەن ئىلىمدۇر، ئىمام بولمىغان باشقا ئالىملاردەك باشتا ئۆگىنىپ، ئاندىن ھۆكۈم چىقارمايدۇ ياكى ئىجتىھاد قىلىپ بىلگەندىن كېيىن ھۆكۈم چىقارمايدۇ. چۈنكى، ئىجتىھادىي ئىلىم دېگەن كەمتۈك ئىلىمدۇر. چۈنكى، ئۇ باشتا نادانلىق، ئاندىن ئۆگىنىش، ئاخىرىدا ئىلىمغا ئېرىشىشتۇر. ھالبۇكى ئىمامنىڭ ھېچبىر ۋاقىتتا دىن ۋە شەرىئەتتىكى قانداقتۇر بىرەر ئىشنى بىلمەسلىكى مۇمكىن ئەمەس.

ئىماملارنىڭ ئىلمى بىپايان ئىلىم دېگەن ھۆكۈم ئۇلارنىڭ: «شەرىئەتنى بايان قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ۋەسىيلەرگە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تەرىپىدىن ئىلىم ئامانەت قىلىنغان، ئۇلارنىڭ ئىلمى پەيغەمبەر ئامانىتىدۇر، ئۇلار خاتالىقتىن مەسۇم» دېگەن سۆزلىرىنىڭ كەسكىن نەتىجىسىدۇر.

[74] ئىمامنىڭ مەۋجۇد بولۇشى پەقەتلا شەرىئەتنى بايان قىلىش ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئازراق بايان قىلغان ئىشلارنى تولۇق بايان قىلىش ئۈچۈنلا زۆرۈر ئەمەس، بەلكى شەرىئەتنى ساقلاش ۋە ئۇنى نابۇت بولۇشتىن قوغداش ئۈچۈنمۇ زۆرۈردۇر. چۈنكى، ئۇ شەرىئەتنى تاماملايدۇ ۋە ھىمايە قىلىدۇ. ئۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن كېيىنكى شەرىئەتنىڭ تۈۋرۈكىدۇر، شەرىئەتنى ئاسرايدۇ ۋە ساقلايدۇ. بۇرمىلاش، قېيىپ كېتىش، ئازغۇنلۇق ۋە ھالاك قىلغۇچ قاراشلارنىڭ شەرىئەتنى تىزگىنلىشى قاتارلىقلاردىن شەرىئەتنى قوغدايدۇ. چۈنكى، ئۇ تا قىيامەتكىچە تۇرىدىغان ئاللاھنىڭ ھۆججىتىدۇر. ئەلى كەررەمەللاھۇ ۋەجھەھۇ ئېيتقانكى: «زېمىن يۈزى مەيلى ئاشكارا ھالدا بولسۇن، مەيلى يوشۇرۇن ھالدا بولسۇن ئاللاھنىڭ ھۆججىتىنى تۇرغۇزىدىغان ئادەمدىن خالىي بولمايدۇ». دېمەك، ۋەسىي ئۇلارنىڭ نەزەرىدە ئاللاھنىڭ ھۆججىتىنى تۇرغۇزغۇچىدۇر، ئۇنىڭ ئىتائەت ۋە ئەگىشىشنى تەقەززا قىلىدىغان مەسۇملۇقى بىلەن دىن قىيامەت كۈنىگىچە ساقلىنىدۇ.

شۈبھىسىزكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «لاَ تَجْتَمِعُ أُمَّتِي عَلَى ضَلاَلَةٍ / ئۈممىتىم ئازغۇنلۇق ئۈستىگە جەم بولمايدۇ» دەيدۇ(32). دېمەك، ئۈممەتنىڭ ئازغۇنلۇق ئۈستىدە جەملەشمەسلىكى ئىسلام دىنىنى قىيامەتكىچە ساقلىنىدىغان قىلغان. ئۇلار دەيدۇ: «ئۈممەتنىڭ ئازغۇنلۇق ئۈستىدە جەملىشىشى ئەقلىي جەھەتتىن مۇمكىن، لېكىن مەسۇم (يەنى ئۇلارنىڭ نەزەرىدىكى ۋەسىي ئىمام) ئۈممەتنى يېتەكلەپ توغرا يولغا باشلايدۇ، ئازغۇنلۇق ئۈستىدە جەملىشىشتىن ساقلايدۇ، باشقا دىندىكىلەرنىڭ مەسۇمى بولمىغاچقا، ئۇلار ئازغۇنلۇق ئۈستىدە جەملىشىپ قالغان. چۈنكى، ئۇلارنىڭ شەرىئىتى ئاخىرقى شەرىئەت ئەمەس. ئەمما، مۇھەممەد شەرىئىتى ئاخىرقى شەرىئەتتۇر. بۇ شەرىئەتنى قىيامەتكىچە ئازغۇنلۇقتىن ھىمايە قىلىپ ساقلاش ئۈچۈن مەسۇمنىڭ بولۇشى لازىم»(33).

[75] يۇقىرىدا دېگەنلىرىمىز ئون ئىككى ئىمام پىرقەسىنىڭ نەزەرىدىكى ئىمامنىڭ ئورنىغا قىسقىچە ئىشارەتتۇر. ئىمامىيلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مۇشۇ قاراشتا ئىكەنلىكى ئاشكارىدۇر. ئىمامنىڭ يۇقىرى ماقامى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ماقامىغا يېقىن ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىختىلاپ يوق. چۈنكى، ئۇلار ۋەسىي بىلەن پەيغەمبەر ئوتتۇرىسىنى بىرلا نەرسە ئايرىپ تۇرىدىغانلىقى، ئۇ بولسىمۇ ۋەسىيگە ۋەھيى كەلمەيدىغانلىقى ئىكەنلىكىنى ئوچۇق ئېيتىدۇ.

ئىمامنىڭ سالاھىيىتى توغرىسىدا چوڭ ۋە كەڭ دەۋالارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ گەپلەرنى ئوقۇغان كىشى شۇنى ھېس قىلالايدۇكى، ئۇنىڭ توغرىلىقىغا ھېچبىر دەلىل يوق، ئەكسىچە ئۇنىڭ يالغان ئىكەنلىكىگە دەلىل بار. چۈنكى، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم شەرىئەتنى تولۇق بايان قىلغان. ئاللاھ تائالا دەيدۇكى: ﴿ٱلۡيَوۡمَ أَكۡمَلۡتُ لَكُمۡ دِينَكُمۡ / مەن بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى تولۇق قىلدىم﴾(5/«مائىدە»: 3). ناۋادا پەيغەمبىرىمىز بىرەر نەرسىنى يوشۇرغان بولسا ئىدى، پەرۋەردىگارى يۈكلىگەن پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى يەتكۈزمىگەن بولاتتى. ئۇنداق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. مەسۇملۇق پەقەتلا پەيغەمبەرگە خاستۇر، پەيغەمبەرلەردىن باشقىلارنىڭ مەسۇم ئىكەنلىكىگە ھېچبىر دەلىل يوق.

ئىمامىيلار (ئىسمائىلىيلار)

[76] يۇقىرىدا دېگىنىمىزدەك، ئىسمائىلىيلار ئىمامىيلارنىڭ بىر تائىپىسىدۇر. ئۇلار ئىسلامىي ئەللەرنىڭ خىلمۇخىل رايونلىرىغا چېچىلىپ كەتكەن، بەزىسى جەنۇبىي ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا ئافرىقىدا، بەزىسى شام دىيارلىرىدا، خېلى كۆپى ھىندىستاندا، يەنە بەزىسى پاكىستاندا. ئۇلارنىڭ ئىسلامدا بىر دۆلىتى بولغان. مىسىر ۋە شامدا دۆلەت قۇرغان فاتىمىيلار ئۇلاردىن ئىدى. بىر مەزگىل بىر قىسىم ئىسلامىي رايونلارنى كونترول قىلغان قەرمەتىيلەرمۇ ئۇلاردىن ئىدى.

[77] بۇ مەزھەب جەئفەر سادىق (ھ. 80 – 148/م. 699 – 765) ئوغلى ئىسمائىلغا نىسبەت بېرىلىدۇ. بۇ مەزھەب ئىماملار ھەققىدە جەئفەر سادىققىچە ئون ئىككى ئىمام پىرقەسى بىلەن ئۇيغۇنلىشىدۇ. (ئون ئىككى ئىمام پىرقەسىنىڭ نەزەرىدە) جەئفەر سادىقتىن كېيىنكى ئىمام ئۇنىڭ ئوغلى مۇسا كازىمدۇر. ئىسمائىلىيلار بولسا «جەئفەر سادىقتىن كېيىنكى ئىمام ئۇنىڭ ئوغلى ئىسمائىل» دەپ قارايدۇ. ئۇلار: «ئىسمائىلنىڭ ئىماملىقى ئۇنىڭ دادىسى جەئفەرنىڭ نەسسى بىلەن بولغان» دەيدۇ. لېكىن، ئىسمائىل دادىسىدىن بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن. دادىسىدىن بۇرۇن ئۆلۈپ كەتسىمۇ، ئۇلار ئىلگىرىكى نەسنى كۈچكە ئىگە قىلىپ، دادىسىدىن كېيىنمۇ ئۇنى ئىمام دەپ قارىغان. بۇ نەسنى كۈچكە ئىگە قىلىش ئىماملىقنىڭ ئۇنىڭ كەينىدىن داۋاملىشىشى بىلەن بولىدۇ. ئىمام ئېيتقان نەسنى كۈچكە ئىگە قىلىش ئۇنى تاشلاپ قويۇشتىن ياخشىراق. ئۇلارنىڭ بۇ دېگەنلىرى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس. چۈنكى، ئۇلار ئىمامنىڭ سۆزلىرىنى ئەمەل قىلىش ۋاجىب بولىدىغان، پەرۋاسىز قاراشقا بولمايدىغان تامامەن شەرىئەتنىڭ نەسلىرىدەك قارايدۇ. ئىماملىق ئىسمائىل ئارقىلىق ئۇنىڭ بالىسى مۇھەممەد مەكتۇمغا يۆتكەلگەن. بۇ يوشۇرۇن ئىماملارنىڭ ئاۋۋىلىدۇر. چۈنكى، ئۇلار مۇنداق بېكىتكەن: «ئىمام يوشۇرۇن بولسىمۇ دۇرۇس، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش ۋاجىب، يوشۇرۇن بولغانلىقى ئۇنىڭ ئىماملىقىغا توسالغۇ بولمايدۇ». مۇھەممەد مەكتۇمدىن كېيىن ئىمام ئۇنىڭ ئوغلى جەئفەر سادىق، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى مۇھەممەد ھەبىب، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى ئۇبەيدۇللاھ مەھدىيدۇر. بۇ ئاخىرقىسى ئافرىقىنىڭ شىمالىدا پەيدا بولۇپ، مەغرىب (ماراكەش) كە ھۆكۈم سۈرگەن. ئارقىدىن ئۇ مىسىردا فاتىمىيلار دۆلىتىنى قۇرغان كىشى بولۇپ قالغان.

[78] مەزكۇر مەزھەب باشقا شىئە مەزھەبلىرىگە ئوخشاش ئىراقتا پەيدا بولغان ۋە باشقا شىئە مەزھەبلىرىگە ئوخشاش ئىراقتا زۇلۇمغا ئۇچرىغان. زۇلۇمنىڭ تەسىرىدە ئۇ مەزھەبنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئىران ۋە خۇراسانغا ھەمدە ئۇنىڭدىن باشقا ھىندىستان ۋە تۈركىستاندەك ئىسلامىي رايونلارغا قاچقان. شۇ يەرلەردە ئۇلارنىڭ مەزھەبىگە قەدىمكى پارس ئەقىدىلىرى ۋە ھىندى پىكىرلىرىنىڭ بەزى قاراشلىرى ئارىلىشىپ قالغان. بۇنىڭ تەسىرىدە ئۇلارنىڭ كۆپى ئېزىپ كەتكەن ۋە ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھاۋايى – ھەۋەس ئەھلى بارلىققا كەلگەن. شۇڭلاشقا، ئىسمائىلىي دېگەن نامنى كۆپلىگەن تائىپىلەر كۆتۈرۈپ يۈرگەن، بەزىلىرى ئىسلام دائىرىسىدىن چىقىپ كەتمىگەن، يەنە بەزىلىرى ئىسلامنىڭ ئۆزگەرمەس پرىنسىپلىرىغا توغرا كەلمەيدىغان مەزھەبلەرگە ئەگىشىپ ئېزىپ كەتكەن.

بۇلار ھىندى دىنى مۇرىتلىرى، ئىشراق مەزھەبى پەيلاسوپلىرى، بۇددىست پەيلاسوپلىرى بىلەن ئالاقە قۇرغان، يەنە كەلدانىيلەر ۋە پارسلاردىكى روھانىيلىق ۋە يۇلتۇز – پىلانېتالار توغرىسىدىكى قالدۇق ئەقىدىلەر ۋە پىكىر – ئىدىيەلەر بىلەن ئۇچراشقان. بەزىلىرى مۇشۇ يوللارنىڭ ھەممىسىدىن قوبۇل قىلىپ، چوڭقۇرلاپ كىرگەن. چوڭقۇرلاپ كىرگەنسېرى شۇنچە ئىسلامدىن يىراقلاشقان. ئۇلار ئۆزلىرىنى ئورىۋېلىش ئۈچۈن قوللانغان مەخپىيلىك، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىك ئۈممەتتىن ئاجرىشىغا سەۋەب بولغانىدى. نەتىجىدە ئۇلار سۈننىيلەرنىڭ يولىغا كۆنمىگەن. ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى يوشۇرۇن تۇتۇشلىرى قانچە كۈچەيگەنسېرى، ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ئىسلام جامائىتىدىن يىراقلىشىشلىرىمۇ شۇنچە كۈچەيگەن.

ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى يوشۇرۇن تۇتۇشى شۇ دەرىجىگە يەتكەنكى، ئۇلار كىتاب – رىسالەلەرنى يېزىپ، ئۇنىڭ يازغۇچىسىنى ئېلان قىلمايتتى. مول بىلىم، چوڭقۇر پەلسەپەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «ئىخۋانۇسسەفاﺋ رىسالەلىرى»نى ئۇلار يازغان بولۇپ، ئۇنى يېزىشقا قاتناشقان ئالىملار نامەلۇمدۇر.

[79] ئۇلار باشتا زۇلۇمنىڭ تەسىرىدە ئۆزلىرىنى كىشىلەردىن مەخپىي تۇتۇپ، كېيىن بۇ ئىش ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرىنىڭ پىسخىكىلىق ھالىتىگە ئايلىنىپ قالغانلىقتىن، باتىنىيلار (يەنى يوشۇرۇنچىلار) دەپ ئاتالغان.

ئۇلارنىڭ بىر قىسىملىرى ھەششاشىيلار دەپ ئاتالغان. ئەھلىسەلىب ئۇرۇشلىرى مەزگىلىدە ۋە موڭغۇل ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئۇلارنىڭ ئەمەللىرى كىشىلەرگە ئاشكارا بولۇپ كەتكەن. ئۇ ئەمەللەرنىڭ بەزىلىرى ئىسلامغا ۋە مۇسۇلمانلارغا زىيان سالىدىغان ئەمەللەر ئىدى.

ئۇلارنىڭ باتىنىيلار دەپ ئاتىلىشىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى بولسا ئۇلار كۆپ ھاللاردا: «ئىمام يوشۇرۇندۇر» دەيتتى. چۈنكى، ئىمام تا مەغرىبتە ئۇلارنىڭ بىر دۆلىتى قۇرۇلۇپ مىسىرغا يۆتكەلگەنگە قەدەر ئىزچىل يوشۇرۇن تۇرغان. يەنە بىر سەۋەبى، ئۇلار: «شەرىئەتنىڭ زاھىرى ۋە باتىنى بار، كىشىلەر زاھىر ئىلىمنى بىلىدۇ، ئىمام باتىن ئىلىمنى بىلىدۇ، بەلكى ئىمام باتىننىڭ باتىنىنى بىلىدۇ» دەيتتى. شۇنىڭغا بىنائەن، ئۇلار «قۇرئان» لەفزلىرىنى يىراق تەئۋىللەر بىلەن تەئۋىل قىلغان، ھەتتا ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بەزى ئەرەبچە لەفزلەرنى ناھايىتى غەلىتە تەئۋىللەر بىلەن تەئۋىل قىلغان. ئۇلار مۇشۇ تەئۋىللەرنى ۋە ئىمامدىكى سىر – ئەسرارلارنى «باتىن ئىلىم» دەپ چۈشەنگەن. ئون ئىككى ئىمامچىلار زاھىر ۋە باتىن ئىلىمغا ئائىت بۇ قىسىمدا ئۇلار بىلەن ئورتاقلاشقان. بىر قىسىم سوپى تائىپىلىرىمۇ ئۇلاردىن بۇنى قوبۇل قىلغان.

ئومۇمەن، ئۇلار كۆپلىگەن قاراشلىرىنى مەخپىي تۇتاتتى، ئەھۋالغا بېقىپ بەزىلىرىنى ئاشكارىلايتتى. ئۇلار دۆلىتى بولغان، شەرق ۋە غەربتە ئۈستۈنلۈك قازانغان چاغدىمۇ قاراشلىرىنى ئاشكارىلىمايتتى.

[80] ئۇلارنىڭ ئوتتۇراھاللىرى قوبۇل قىلغان قاراشلار ئۈچ تارماققا بۆلۈنگەن بولۇپ، ئۇنىڭ كۆپىنچىسىدە ئون ئىككى ئىمامچىلار ئۇلار بىلەن ئورتاقلاشقان:

بىرىنچىسى: ئاللاھ ئىماملارغا ئىلىم – مەرىپەتتە فەيزى ئىلاھىي ئاتا قىلىپ، ئۇلارنى ئىماملىقىنىڭ تەقەززاسى بىلەن قەدىر – قىممەتتە ۋە ئىلىمدە كىشىلەردىن ئۈستۈن قىلىدۇ. چۈنكى، ئۇلار باشقىلاردا يوق ئىلىمگە خاس بولغان، ئۇلارغا ئىنسانلارنىڭ ئىلىملىرىدىن ئۈستۈن شەرىئەت ئىلمى ئاتا قىلىنغان.

ئىككىنچىسى: ئىمامنىڭ مەرۇپ، زاھىر بولۇشى لازىم ئەمەس، بەلكى مەخپىي يوشۇرۇن بولۇشى دۇرۇستۇر. شۇنداقتىمۇ، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش ۋاجىب. ئۇ ئۆزى ھىدايەت ئۈستىدىدۇر ۋە كىشىلەرنى ھىدايەتكە باشلايدۇ. ئۇ چوقۇم مەلۇم بىرەر ئەۋلاد ئىچىدە زاھىر بولىدۇ. ئۇ زاھىر بولۇپ، زېمىن زۇلۇمغا قانداق تولۇپ كەتكەن بولسا، زېمىننى شۇنداق ئادالەتكە تولدۇرىدۇ.

ئۈچىنچىسى: ئىمام ھېچكىمنىڭ ئالدىدا جاۋابكارلىققا تارتىلمايدۇ ۋە ئۇ نېمە ئىش قىلسۇن ھېچكىمنىڭ ئۇنى خاتاغا چىقىرىش ھوقۇقى يوق، بەلكى كىشىلەر ئۇنىڭ قىلغان ھەرقانداق ئىشىنى ياخشىلىق، يامانلىق ئەمەس دەپ ئىشىنىشى ۋاجىب. چۈنكى، ئۇنىڭدا ھېچكىم بىلىشكە قادىر بولالمايدىغان ئىلىم بار.

مۇشۇ نۇقتىدىن، ئۇلار ئىماملارنى «مەسۇم» دەپ بېكىتكەن، يەنى بۇ دېگەنلىك بىز بىلىدىغان «خاتالىقلارنى سادىر قىلمايدۇ» دېگەن مەنىدە ئەمەس، بەلكى بىز «خاتالىق» دەپ ئاتاۋاتقان ئىشلاردا ئۇلارنىڭ ئىلمى يولنى يورىتىپ بەرگەن بولۇشى ۋە ئۇ ئىشلار «ئۇلارغا راۋا، باشقىلارغا راۋا ئەمەس بولۇشى مۇمكىن» دېگەن مەنىدە.

ھاكىمىيلار ۋە دۇرۇزلار

[81] بىز يۇقىرىدا باتىنىيلار ھەققىدە سۆزلەپ ئۆتكەن تەپەككۇر يۆنىلىشلىرىنىڭ بەزىسىدە «ئوچۇق كۇفۇرلۇق» دەپ قاراشقا بولغۇدەك بىرنەرسە يوق بولۇشى مۇمكىن. بىزنىڭ ئۇ ھەقتە ئەڭ دېيەلەيدىغىنىمىز: «ئۇ خىل تەپەككۇر يۆنىلىشلىرى ھەققىدە كىتاب ۋە سۈننەتتىن دەلىل يوق». لېكىن، ئۇلارنىڭ كۆپى بويلاپ ماڭغان بۇ خىل تەپەككۇرنىڭ تەسىرىدە ئىسلامنىڭ تۇتقىسىنى قويۇۋەتكەن يەنە بىر تۈركۈم كىشىلەر مەۋجۇد بولغان. بۇ پىرقەنىڭ (يەنى باتىنىيلارنىڭ) ئۇسۇلى ھېسابلىنىدىغان ۋە شۇنىڭ تەسىرىدە ئۇلارنىڭ كۆزقاراشلىرى ئېتىلىپ چىققان مەخپىيلىك ھاكىمىيلارنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولغان. ئۇلار بولسا ئىسلامنىڭ چەك – چېگرالىرىدىن ھالقىپ كەتكەن رادىكال ئاشقۇنلاردۇر. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى «ئىشراقى ئىلاھىي» (ئىلاھىي يورۇقلۇق) مەنىسىدە ھەددىدىن ئېشىپ، ھەتتا ئىلاھنىڭ ئىمامنىڭ ۋۇجۇدىغا چۈشۈشى نەزەرىيەسىنى قوبۇل قىلغان ۋە ئىمامغا ئىبادەت قىلىشقا چاقىرغان. بۇ ئاشقۇنلارنىڭ بېشى ئىلاھنىڭ ئۆزىگە چۈشكەنلىكىنى دەۋا قىلىپ، كىشىلەرنى ئۆزىگە ئىبادەت قىلىشقا چاقىرغان ئەلھاكىم بىئەمرىللاھ ئەلفاتىمىي (ھ. 375 – 411/م. 985 – 1021) دۇر.

ئوخشىمىغان رىۋايەتلەرگە كۆرە، ئۇ يوشۇرۇنۇۋالغان، ئاندىن كېيىن ئۆلگەن ياكى ئۆلتۈرۈلگەن. كۈچلۈك قاراش شۇكى، ئۇنى بەزى يېقىنلىرى ئۆلتۈرۈۋەتكەن. ئۇنىڭ مۇرىتلىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن پەيدا بولغان ئۇنىڭ مەزھەب ئەگەشكۈچىلىرى ئۇنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىنكار قىلغان. ئۇلار ئۇنى مەخپىي ياشاۋاتىدۇ، ئۇزۇن ئۆتمەي قايتىپ كېلىدۇ دەپ دەۋا قىلىشقان. مانا بۇ تائىپە «ھاكىمىيلار» دەپ ئاتالغان.

شامدا كۆپەيگەن دۇرۇزلارنىڭ ھاكىمىيلار بىلەن قويۇق مۇناسىۋىتى بار ئىدى، ھەتتا بەزى تارىخچىلار: «كىشىلەرگە مۇشۇ ئاشقۇن قاراشلارنى ئېلىپ چىقىشنى ھاكىمغا ۋەسۋەسە قىلغان ئادەم ھەمزە دۇرۇزىي ئىسىملىك بىر پارس كىشى ئىدى» دەيدۇ. ئۇلار شۇ پارس كىشىگە نىسبەت بېرىلسە كېرەك. ھازىر ئۇلاردىن قېلىپ قالغانلارنىڭ ئەھۋالى مەخپىي بولۇپ، ئۇلار ئەمەللىرى ۋە ئېتىقادلىرىنى قوشنا – يارەنلىرى ۋە ئۇرۇق – جەمەتىدىنمۇ مەخپىي تۇتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئاللاھ تائالا ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.

نۇسەيرىيلەر

[82] شامدا ھاكىمىيلار بىلەن بىرگە ئىسلامنىڭ تۇتقىسىنى قويۇۋەتكەن بىر تائىپە بار ئىدى. گەرچە ئۇلار ئۆزلىرىنى ئىسمائىلىيلارغا نىسبەت بەرمىسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئىسلامغا خىلاپلىق قىلىش، ئىسلامدىن چەتنەپ ئىسلامدىن چىقىپ كېتىشتە بىر – بىرى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. بۇ تائىپە بولسا نۇسەيرىيلەردۇر. ئۇلار ئۆزلىرىنى ئىسمائىلىيلارغا نىسبەت بەرمىگەن، بىراق ئۇلار ئىسلامنىڭ تۇتقىسىنى قويۇۋەتكەنلەرنىڭ قۇچىقىدا تەربىيەلەنگەن.

بۇلار ھاكىمىيلارغا ئوخشاش ئۆتمۈشتە شامدا تۇرغان. ئۇلار ئون ئىككى ئىمامچىلار بىلەن بىللە ئىدى ياكى ئۆزلىرىنىڭ ئۇلارغا تەۋە ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلاتتى. ئۇلار «ئەھلى بەيتكە چەكسىز ئىلىم – مەرىپەت ئاتا قىلىنغان» دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ ۋە يەنە «ئەلى ئۆلمىدى، ئۇ ئىلاھتۇر ياكى ئىلاھقا يېقىن» دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ. ئۇلار شەرىئەتنىڭ زاھىرى ۋە باتىنى بارلىقى، ئۇنىڭ باتىنىنىڭ ئىماملاردا ئىكەنلىكى، چۈنكى «دەۋرنىڭ ئىمامى» دېمەك ئۈستىدە نۇر پارلىغان كىشى بولۇپ، مۇشۇ نۇرنىڭ تۈرتكىسىدە ئۇ بۇ شەرىئەتنىڭ ھەقىقىتىنى ۋە شەرىئەتنىڭ زاھىرىنىلا ئەمەس، باتىنىنىمۇ چۈشىنىدىغانلىقى… غا ئېتىقاد قىلىدۇ.

ئومۇمەن، بۇ تائىپىنىڭ قاراشلىرى شىئەلەرگە نىسبەت بېرىلگەن، ئەمما شىئەلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئادا – جۇدالىقىنى ئېلان قىلغان پىرقەلەردىكى ئاشقۇن قاراشلاردىن يۇغۇرۇلغان ئىدى. ئۇلار مۇنقەرز بولغان كافىر سەبەئىيلەردىن «ئەلى ئىلاھ، مەڭگۈ ياشايدۇ ۋە قايتىپ كېلىدۇ» دەيدىغان قاراشنى، باتىنىيلاردىن بولسا «شەرىئەتنىڭ زاھىرى ۋە باتىنى بار» دېگەن قاراشنى ئالغان.

[83] ئەنە شۇ ئاشقۇنلار ئىسلامنىڭ تۇتقىسىنى قويۇۋەتكەن ۋە ئىسلامنىڭ چىن مەنىلىرىنى چۆرۈۋەتكەن، ئۆزلىرىدە ئىسلامدىن پەقەت ئىسىمنىلا قالدۇرغان. مىسىر ۋە شامدا فاتىمىيلار دۆلىتى قۇرۇلغان دەۋردە ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى كېڭەيگەن ۋە ھاۋايى – ھەۋەسلىرىدە ئەلھاكىم بىئەمرىللاھ ئەلفاتىمىينىڭ ئۆزلىرىگە ماسلىشىدىغانلىقىنى بايقىغان. شۇڭا، ئەلھاكىم بىئەمرىللاھنىڭ دەۋرىدە ئۇلارنىڭ داھىيسى ھەسەن ئىبنى سەبباھ (ھ. 430 – 518/م. 1037 – 1124) مەيدانغا كەلگەن. ئەلھاكىم ئۆزىنىڭ ئىلاھلىقىنى دەۋا قىلغان ۋاقىتتا، ھەسەن ئىبنى سەبباھ ئابباسىيلار دۆلىتىگە قارشى فىتنە – ئىغۋا قوزغىغان ۋە دەۋەتچىلىرىنى ئۆزىنىڭ دىنىغا چاقىرىش ئۈچۈن شامنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقاتقان ئىدى.

شۇنىڭدىن كېيىن شامدا مەزكۇر ئاشقۇنلار كۆپەيگەن ۋە ھازىر «نۇسەيرىيلەر تېغى» دەپ ئاتىلىۋاتقان سەممان تېغىنى ئۆزلىرىگە قارارگاھ قىلغان. ئۇلارنىڭ بەزى كاتتىۋاشلىرى مۇرىتلىرىنى نەشە چېكىشكە قىزىقتۇراتتى. شۇڭا، ئۇلار تارىختا «ھەششاشىيلار» (نەشىكەشلەر) دەپ ئاتالغان. ئەھلىسەلىب شام ئەللىرىگە ۋە باشقا ئىسلامىي ئەللەرگە ھۇجۇم قىلغاندا، ئۇلار مۇسۇلمانلارغا قارشى ئەھلىسەلىبكە ياردەم بەرگەن. بۇ ئەھلىسەلىب بەزى ئىسلامىي يۇرتلارنى بېسىۋالغاندا، ئۇلارنى ئۆزىگە تارتىپ، ئۇلارنى يۇقىرى ئورۇنغا قويغان.

ئۇلار نۇرىددىن زەنگى، ئۇنىڭدىن كېيىن سالاھىددىن ئەييۇبىي، ئاندىن كېيىن ئەييۇبىيلار كەلگەندىن كېيىن، كۆزدىن يوشۇرۇنغان ۋە ئىش – پائالىيىتى پەقەت پۇرسەت تاپسا مۇسۇلمانلارنىڭ كاتتىلىرى ۋە بۈيۈك قوماندانلىرىغا سۇيىقەست پىلانلاش بىلەن چەكلەنگەن.

شۇنىڭدىن كېيىن موڭغۇللار شامغا ھۇجۇم قىلغاندا، ئىلگىرى ئەھلىسەلىبگە ياردەم بەرگەندەك موڭغۇللارغىمۇ ياردەم بەرگەن ۋە ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلارنى ئۆلتۈرۈشىگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەن. موڭغۇللار چېكىنىپ كەتكەندىن كېيىن، يەنە بىر پۇرسەت كۈتۈش ئۈچۈن خۇددى قۇلۇلە قېپىغا يوشۇرۇنۇۋالغاندەك تاغلىرىغا يوشۇرۇنۇۋالغان.

[84] بۇ دېگەنلىرىمىز شىئە نامىنى كۆتۈرۈپ يۈرگەن پىرقەلەر توغرىسىدا قىسقىچە بايانلار بولۇپ، بىز بۇنىڭدا تۈز يولدا ماڭغانلارنى، يولدىن قايمۇقۇپ كەتكەنلەرنى، ئىسلامنىڭ تۇتقىسىنى قويۇۋەتكەنلەرنى ۋە نامدا ھەزرىتى ئەلىگە شىئە (تەرەپدار) بولغان، ئەمەلىيەتتە ئىسلامغا ۋە مۇسۇلمانلارغا دۈشمەن بولغانلارنى بايان قىلدۇق.

بىز ئەمدى شىئەلەر بىلەن بىر دەۋردە پەيدا بولغان خاۋارىجلار پىرقەسىگە يۆتكىلەيلى!

 

ئىسلام مەزھەبلىرى تارىخى/ تاريخ المذاهب الإسلامية؛ ئىمام مۇھەممەد ئەبۇ زەھرە؛ مۇھەممەد قاۋۇل قاراخانىي تەرجىمىسى؛ ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى


1. ئىبنى خەلدۇن: «تارىخۇ ئىبنى خەلدۇن»، 1/246.
2. ئىززۇددىن ئەبۇ ھامىد ئابدۇلھەمىد ئىبنى ھىبەتۇللاھ ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ھۈسەين ئىبنى ئەبۇلھەدىد ئەلمەدائىنىي (أبو حامد عز الدين عبد الحميد بن هبة الله بن محمد بن الحسين بن أبي الحديد المدائنيّ، ھ. 586 – 656/م. 1190 – 1258) — تارىخچى، ئەدىب، شائىر، كاتىب ۋە ۋەزىر، شىيئەلىككە مايىللىقى بار مۇئتەزىلە يازغۇچىلىرىدىن. «شەرھۇ نەھجىل بەلاغە»، «ئەلفەلەكۇددائىر»، «ئەلقەسائىدۇسسەبئۇ»، «ئەلئىئتىبار» ۋە «ئەلئەبقەرىييۇل ھىسان» قاتارلىق تارىخ، ئۇسۇلۇلفىقھ ۋە تىل – ئەدەبىياتقا ئالاقىدار ئەسەرلىرى، شۇنداقلا باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىگە قارىتا يازغان شەرھ ۋە مۇھاكىمە رىسالەلىرى بار. باغدادتا ۋاپات بولغان.
3. شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىييە («مىنھاجۇسسۈننە ئەننەبەۋىييە»، 4/286) بۇ ھەدىس ھەققىدە: «ھەدىسشۇناسلارنىڭ توپلاملىرىدا بۇنداق بىرەر ھەدىس يوقتۇر» دەيدۇ. لېكىن، مۇنداق بىر ھەدىس بار: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەلى، ھەسەن، ھۈسەين ۋە فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمغا قاراپ: ›مەن سىلەرگە ئۇرۇش ئاچقانلارغا ئۇرۇش ئاچىمەن، سىلەرگە ئامانلىق بولغانلارغا ئامانلىق بولىمەن‹ دېگەن». ئەھمەد (9696) ؛ تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، (2555). ئالبانىي: ««زەئىف» دېگەن. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەتى.
4. ئەھمەد (950)؛ ئىبنى ماجە (116). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن. بەراﺋ ئىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەتى.
5. ئەھمەد (731)؛ تىرمىزىي (3736) ؛ نەسائىي (5018). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەتى.
6. ئىبنى ئەبۇلھەدىد: «شەرھۇ نەھجىل بەلاغە (شرح نهج البلاغة)»، 20/220، 221، دارۇ ئىھيائىل كۇتۇبىل ئەرەبىييە، قاھىرە. 1 – باسمىسى، ھ. 1378 / م. 1959.
7. كەلدانىيلەر (الكَلْدانِيُّون / Chaldea): ئوتتۇرا شەرق خەلقلىرى ئىچىدىكى غەربىي سامىي قەۋملىرىدىن ئارامىيلەرنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، ئىسمىنى يۇرتلىرى كەلدۇ (Kaldu) ياكى كەلدائىيە (Chaldaia) دىيارىدىن ئالغان قەبىلىلەر ئىتتىپاقىدۇر. مىلادىدىن بۇرۇنقى ئىككىنچى مىڭيىلنىڭ ئاخىرلىرى جەنۇبىي مىسسوپوتامىيەگە كەلگەن كەلدانىيلەر يېڭى بابىلونىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ ھۆكۈمدارى بولغان. م. ب. 597 ۋە 586 – يىللىرى ئىككى قېتىم قۇدۇسنى قورشاپ، يەھۇدىيلەرنى يۇرت – ماكانىدىن سۈرگۈن قىلغان مەشھۇر بۇختەنەسسەر (نەبۇكاتنەزەر / بختنصر، م. ب. 605 – 562) كەلدانىي پادىشاھلاردىن بىرىدۇر. نەبۇكاتنەزەر ۋە ئۇندىن كېيىن تەختكە چىققان نابونىدۇس (م. ب. 556 – 539) قاتارلىق جاھانگىر پادىشاھلار سەۋەبلىك كەلدانىي ئىسمى بىلەن بابىل ئىسمى بىر گەۋدىلىشىپ كەتكەن. م. ب. 539 – يىلى ئىران ئاخامەنىش ئىمپېرىيەسى بابىل ئىمپېرىيەسىنى ئىستىلا قىلغاندىن كېيىن، كەلدانىي سەلتەنىتى تەلتۆكۈس ئاياغلاشقان. رايون ئاخامەنىش (م. ب. 539 – 332)، ئالېكساندىر ماكدونېسكىي (م. ب. 332 – 323)، سەلەۋكى (م. ب. 317 – 171)، پارت (م. ب. 171 – م. 226) ۋە ساسانىي (م. 226 – م. 641) ھاكىمىيەتلىرىگە بويسۇنغان، ئەڭ ئاخىرىدا مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن فەتىھ قىلىنغان. خەلق بولسا ئوخشىمىغان رايونلاردا ياشىغانلىقى سەۋەبلىك «ئاسۇرىي»، «ئارامىي» ۋە «كەلدانىي» دېگەندەك ئىسىملار بىلەن ئاتالغان ۋە مىلاددىن كېيىن، يەنى خرىستىيانلىق ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ھەم تەڭرى، ھەم بەندە دەيدىغان مونوفىزمنى قوبۇل قىلغانلار «سۇريانىي» دېيىلگەن بولسا، ھەزرىتى ئىسانىڭ ئىلاھىي سالاھىيىتىنى باشقىچە تونۇيدىغان ۋە ھەزرىتى مەريەمنى ئىلاھنىڭ ئانىسى ئەمەس بەلكى بىغۇبار، ئېسىل ئىنسان دەپ ئىلگىرى سۈرگەن ۋىزانتىيە ئىمپېرىيەسى كونستانتنوپول پاترىكى (پاپا) نېستورىئوس (م. 386 – 450) نىڭ تەلىماتىنى قوبۇل قىلغانلار «نەستۇرىي» ياكى «ئاسۇرىي» دېيىلگەن. نەستۇرىي تۇرۇپ روماغا بەيئەت قىلىپ، كاتولىك بولۇپ كەتكەنلەرگە رىم پاپالىقى تەرىپىدىن كەلدانىي ئىسمى بېرىلگەن. كۈنىمىزدە دۇنيا مىقياسىدا بىرەر يېرىم مىليوندەك كەلدانىي كاتولىك خرىستىيانلار ياشىماقتا. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا / قادىر ئالبايراق: «تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى»، (تۈركچە) «keldaniler» ماددىسى، 25/207 – 210. (قىسقارتىلدى)، ئىستانبۇل، م. 2012.

8. دوكتور ئەھمەد ئەمىن: «فەجرۇل ئىسلام»، 298 – بەت، مۇئەسسەسەتۇ ھىنداۋىي، م.2011.
9. van vloten : «ئەسسىيادەتۇل ئەرەبىييە (السيادة العربية)»، 76 – بەت، دوكتور ھەسەن ئىبراھىم ھەسەن ۋە مۇھەممەد زەكىي ئىبراھىملار ئەرەبچە تەرجىمىسى. 2 – باسمىسى، مەكتەبەتۇن نەھزاتىل مىسرىييە، م. 1965.
10. ئىبنى ھەزم: «ئەلفەسلۇ فىلمىلەل»، 4/138.
11. ئابدۇلقاھىر ئەلباغدادىي: «ئەلفەرق بەينەل فىرەق»، 224 – بەت، دارۇل ئافاقىل جەدىدە، بېيرۇت، م. 1977.
12. بۇ كىتابتا كۆپ تەكرارلىنىدىغان «ئەلەۋىيلەر» ۋە «ئەلەۋىي جەمەتى» دېگەن ئىبارىلەردىن ھەرزىتى ئەلى نەسلىدىن كەلگەن پاك ئەۋلادلار مەقسەت قىلىنغان، ھەرگىزمۇ يىگىرمىنچى ئەسىرنىڭ يىگىرمىنچى يىللىرىدا ئۆزلىرىنى «ئەلەۋىيلەر» دەپ ئاتىۋالغان شامدىكى بۇزۇق ئەقىدىلىك بىر شىئە تائىپىسى بولمىش «نۇسەيرىيلەر» پىرقەسى كۆزدە تۇتۇلمايدۇ.
13. شەھرىستانىي: «ئەلمىلەلۇ ۋەننىھەل (الْمِلَلُ وَالنِّحَلُ)»، 1/146، 147، دارۇل كۇتۇبىل ئىلمىييە، بېيرۇت.
14. شەھرىستانىي: «ئەلمىلەلۇ ۋەننىھەل»، 1/149.
15. مەسئۇدىي: «مۇرۇجۇززەھەب (مُرُوجُ الذَّهَبِ)»، 3/206، 207، نەشرگە تەييارلىغۇچى: ئەسئەد خەلىل داغىر، دارۇلھىجرە، قۇم، ھ. 1409.
16. ئابدۇلقاھىر ئەلباغدادىي: «ئەلفەرق بەينەل فىرەق»، 25 – بەت.
17. شەھرىستانىي: «ئەلمىلەلۇ ۋەننىھەل»، 1/163،
18. ئەھمەد (23192)؛ ئەبۇ يەئلا (567). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەھىھ لىغەيرىھى» دېگەن. زەيد ئىبنى ئەرقەم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەتى.
19. ئىبنى ماجە (154). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەتى.
20. بۇ ھەقتىكى ھەدىسلەر مەيلى سەھىھ بولسۇن ياكى بولمىسۇن، ھەزرىتى ئەلىنىڭ رەسۇلۇللاھ تەرىپىدىن ئىمام قىلىپ تەيىنلەنگەنلىكىگە دالالەت قىلمايدۇ. قاراڭ: كامال ئىبنى ھۇمام: «ئەلمۇسايەرە فىل ئەقائىد»، «ئىمامەت» بابى.
21. مۇكەللەف (المُكَلَّفُ): ئۇسۇلۇلفىقھ ئىستىلاھىدا: ئىش – ھەرىكىتىگە ئاللاھ تائالانىڭ تەلەپ قىلىش ياكى ئىختىيارلىق بېرىش مەزمۇنىدىكى خىتابى چېتىلغان، تاللاش ئىختىيارلىقى بار بالىغ، ئاقىل مۇسۇلماندۇر. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 36/1427؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ»، 1608 – ﺑﻪﺕ.

22. ئەلئام (الْعَامُّ): ئەرەبچىدە: «ئومۇمىي، ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغۇچى» دېگەن مەنىلەردە بولۇپ، ئۇسۇلۇلفىقھ ئىستىلاھىدا: «ئىپادىلىگەن شەخس ۋە نەرسىلەرنىڭ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان چەكسىز سۆز»دۇر. مىسالى: ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿مۇئمىنلەر شەك – شۈبھىسىز جەننەتتە بولىدۇ﴾(82/«ئىنفىتار»: 13) دېگەن ئايەتىدە ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان «مۇئمىن»نىڭ چېكى يوقتۇر. قاراڭ: جۇرجانىي: «ئەتتەئرىفات»، 188 – بەت؛ شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلئۇسەيمىن: «ئەلئۇسۇلۇ مىن ئىلمىل ئۇسۇلى»، 34 – بەت، دارۇ ئىبنىلجەۋزىي، رىياد، ھ. 1426.

23. ئەلخاس (الْخَاصُّ): ئەرەبچىدە: «ئومۇم بولمىغان» دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئۇسۇلۇلفىقھ ئىستىلاھىدا: «بىرەر شەخس ياكى سان بىلەن چەكلىنىدىغان سۆز»دۇر. خاسلاشتۇرۇش (التَّخْصِيْصُ) بولسا «ئەلئام ئىپادىلىگەن شەخس ۋە نەرسىلەرنىڭ بىر قىسمىنى چىقىرىۋېتىش»تىن ئىبارەت. خاسلاشتۇرغۇچى (الْمُخَصِّصُ) بولسا شارىئتۇر. قاراڭ: جۇرجانىي: «ئەتتەئرىفات»، 128 – بەت؛ شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلئۇسەيمىن: «ئەلئۇسۇلۇ مىن ئىلمىل ئۇسۇلى»، 38 – بەت.

24. ئەلمۇتلەق (الْمُطْلَقُ): ئەرەبچىدە: «مۇتلەق، بىرەر قەيت ياكى شەرت بىلەن چەكلىمىگە ئۇچرىمىغان، ئورتاق» دېگەن مەنىلەردە بولۇپ، ئۇسۇلۇلفىقھ ئىستىلاھىدا: «بىرنەرسىنىڭ ھەقىقىتىنى قەيتسىز ئىپادىلىگەن سۆز»دۇر. مىسالەن ئاللاھ تائالا: ﴿يېقىنچىلىق قىلىشتىن ئىلگىرى بىر قۇلنى ئازاد قىلىشى لازىم﴾(58/«مۇجادىلە»: 3) دېگەن ئايەتىدە ئازاد قىلىشنى بۇيرۇغان «قۇل»غا مۇسۇلمان ياكى كافىر، ئەر ياكى ئايال دەپ چەك قويمىغان. قاراڭ: جۇرجانىي: «ئەتتەئرىفات»، 280 – بەت؛ شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلئۇسەيمىن: «ئەلئۇسۇلۇ مىن ئىلمىل ئۇسۇلى»، 44 – بەت.

25. ئەلمۇقەييەد (الْمُقَيَّدُ): ئەرەبچىدە: «ئارغامچا ياكى شۇنىڭدەك بىرنەرسە بىلەن باغلانغان» دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئۇسۇلۇلفىقھ ئىستىلاھىدا: «بىرنەرسىنىڭ ھەقىقىتىنى بىرەر سۈپەتكە باغلاپ ئىپادىلىگەن سۆز»دۇر. مىسالەن ئاللاھ تائالا: ﴿بىر نەپەر مۇئمىن قۇلنى ئازاد قىلىشى لازىم﴾(4/«نىساﺋ»: 92) دېگەن ئايەتىدە ئازاد قىلىشنى بۇيرۇغان قۇل «مۇئمىن»لىك سۈپىتى بىلەن باغلانغان. قاراڭ: جۇرجانىي: «ئەتتەئرىفات»، 292 – بەت؛ شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلئۇسەيمىن: «ئەلئۇسۇلۇ مىن ئىلمىل ئۇسۇلى»، 44 – بەت.

26. ئەلمۇجمەل (الْمُجْمَلُ): ئەرەبچىدە: «مۇبھەم، يىغىنچاقلانغان ۋە ئومۇم» دېگەن مەنىلەردە بولۇپ، ئۇسۇلۇلفىقھ ئىستىلاھىدا: «مەقسەت قىلىنغان مەلۇم مەزمۇننى بېكىتىشتە ياكى سۈپىتىنى ۋە ياكى مىقدارىنى بايان قىلىشتا باشقا بىر كۆرسەتمىگە قاراشلىق بولغان سۆز»دۇر. بېكىتىشتە باشقا بىر كۆرسەتمىگە قاراشلىق بولۇشنىڭ مىسالى، ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿تالاق قىلىنغان ئاياللار ئۈچ قۇرئى كۈتۈپ تۇرىدۇ﴾(2/«بەقەرە»: 228) دېگەن ئايەتى بولۇپ، «قۇرئى» كەلىمەسى پاكلىققىمۇ، ھەيزگىمۇ ئورتاقتۇر. شۇڭا، ئىككىسىنىڭ بىرىنى بېكىتىشتە باشقا بىر دەلىلگە قاراشلىقتۇر. سۈپىتىنى بايان قىلىشتا باشقا بىر كۆرسەتمىگە قاراشلىق بولۇشنىڭ مىسالى، ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿نامازنى ئادا قىلىڭلار﴾(2/«بەقەرە»: 43) دېگەن سۆزى بولۇپ، نامازنى قانداق تەرىقىدە ئوقۇش باشقا بىر كۆرسەتمىگە قاراشلىقتۇر. مىقدارىنى بايان قىلىشتا باشقا بىر كۆرسەتمىگە قاراشلىق بولۇشنىڭ مىسالى بولسا ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿زاكاتنى بېرىڭلار﴾(2/«بەقەرە»: 43) دېگەن سۆزى بولۇپ، بېرىش پەرز بولغان زاكاتنىڭ مىقدارى باشقا بىر كۆرسەتمىگە قاراشلىقتۇر. قاراڭ: جۇرجانىي: «ئەتتەئرىفات»، 261 – بەت؛ شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلئۇسەيمىن: «ئەلئۇسۇلۇ مىن ئىلمىل ئۇسۇلى»، 46 – بەت.

27. ئەلمۇبەييەن (الْمُبَيَّنُ): ئەرەبچىدە: «ئىزاھلانغان، بايان قىلىنغان» دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئۇسۇلۇلفىقھ ئىستىلاھىدا: «تىلنىڭ ئۆزىدىن ياكى بايان قىلىنغاندىن كېيىن چۈشەنگىلى بولىدىغان سۆز»دۇر. تىلنىڭ ئۆزىدىن چۈشەنگىلى بولىدىغاننىڭ مىسالى: «تاغ، ئاسمان، ئادالەت» دېگەندەك سۆزلەر. بايان قىلىنغاندىن كېيىن چۈشەنگىلى بولىدىغاننىڭ مىسالى، ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿نامازنى ئادا قىلىڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار﴾(2/«بەقەرە»: 43) دېگەن سۆزى بولۇپ، ئادا قىلىش بىلەن بېرىش ئەسلىدە مۇجمەل ئىدى، لېكىن قانداق ئادا قىلىش بىلەن بېرىلىدىغان مىقدار بايان قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ مۇجمەل مۇبەييەن بولۇپ كەتتى. قاراڭ: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلئۇسەيمىن: «ئەلئۇسۇلۇ مىن ئىلمىل ئۇسۇلى»، 46 – بەت.

28. مۇھەممەد ھۇسەين ئال كاشىفۇلغىتاﺋ: «ئەسلۇششىيئەتى ۋە ئۇسۇلۇھا (أصل الشيعة وأصولها)»، 161، 162 – بەت، نەشرگە تەييارلىغۇچى: مۇھەممەد جەئفەر شەمسىددىن، مەكتەبەتۇ ئىئتىمادىل كازىمىي، تېھران، ھ. 1385/م. 2006.

29. شەرىف مۇرتەزا: «ئەششافىي فىلئىمامە (الشافي في الإمامة)»، 40 – بەت، تاش باسما، ئىران.
30. تۇسىي: «تەلخىسۇششافىي (تلخيص الشافي)»، 319 – بەت، تاش باسما، ئىران.
31. تۇسىي: «تەلخىسۇششافىي»، 310 – بەت.
32. ئىبنى ماجە (3950). ئالبانىي: «زەئىف» دېگەن. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەتى. لېكىن، مۇشۇ مەزمۇندا باشقا سەھىھ ھەدىسلەر بار. مەسىلەن: تىرمىزىي (2167).
33. شەرىف مۇرتەزا «ئەششافىي فىلئىمامە» دېگەن كىتابىنىڭ بىرنەچچە يېرىدە مۇشۇنى دەپ ئۆتكەن.

Please follow and like us: