سىياسىي مەزھەبلەر

سىياسىي مەزھەبلەر

[25] سىياسىي مەزھەبلەرنىڭ ھەممىسى چوڭ ئىماملىقتىن ئىبارەت خەلىفەلىكنى چۆرىدەيدۇ. چوڭ ئىماملىق «خىلافەت / خەلىفەلىك» دەپ ئاتالغان. چۈنكى، خەلىفەلىككە ئىگە بولغان كىشى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشتا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە خەلىفە (ئورۇنباسار) بولۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ بۈيۈك ھاكىمى بولىدۇ. ئۇ «ئىمامەت / ئىماملىق» دەپمۇ ئاتالغان. چۈنكى، خەلىفە بولغان كىشى «ئىمام» دەپ ئاتىلاتتى. چۈنكى، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش ۋاجىبتۇر. چۈنكى، كىشىلەر خۇددى ئۆزلىرىگە نامازدا ئىمام بولىدىغان كىشىنىڭ كەينىدىن ئەگەشكەندەك، ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭىدۇ.

پەيغەمبەرچە خىلافەت ئىمامنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ دۇنيالىق مەنپەئەتلىرىنى كۆزدە تۇتۇشى ئۈچۈن ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى رازى بولغان دىنىنى قوغدىشى ئۈچۈن، شۇنداقلا ئەقىدە، جان ۋە مال – مۈلۈك ئەركىنلىكىنى ئىسلام شەرىئىتى دائىرىسىدە ھىمايە قىلىشى ئۈچۈن، ئىمامنىڭ (شىئەلەر ئېتىقاد قىلغاندەك مۇسۇلمانلاردىن يوشۇرۇن، غايىب بولماستىن بەلكى) مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا ئاشكارا مەۋجۇد بولۇشىنى تەقەززا قىلىدۇ.

ئىبنى خەلدۇن (ھ. 732 – 808/م. 1332 – 1406) ھۆكۈمرانلىقنى ئۈچ قىسىمغا بۆلگەن: تەبىئىي ھۆكۈمرانلىق، سىياسىي ھۆكۈمرانلىق ۋە پەيغەمبەرچە ھۆكۈمرانلىق. ئۇ ئېيتقانكى:

«تەبىئىي ھۆكۈمرانلىق بولسا خەلقنى شەخسىي غەرەز ۋە كۆڭۈل خاھىشىنىڭ تەقەززاسىغا بويسۇندۇرۇشتۇر. سىياسىي ھۆكۈمرانلىق بولسا دۇنيالىق مەنپەئەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە زىيانلارنى دەﻓﺌ قىلىشتا خەلقنى ئەقلىي تەپەككۇرنىڭ تەقەززاسىغا بويسۇندۇرۇشتۇر. پەيغەمبەرچە خىلافەت بولسا خەلقنىڭ ئاخىرەتلىك ۋە دۇنيالىق مەنپەئەتلىرىدە ئۇلارنى شەرئىي تەپەككۇرنىڭ تەقەززاسىغا بويسۇندۇرۇشتۇر. دۇنيالىق مەنپەئەتلەر ئاخىرەتلىك مەنپەئەتلەرگە بېرىپ تاقىلىدۇ. چۈنكى، دۇنيانىڭ بارلىق ئەھۋاللىرى شارىئنىڭ نەزەرىدە ئاخىرەت مەنپەئەتلىرى دەپ ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ. خىلافەت ئەمەلىيەتتە دىننى قوغداش ۋە دۇنيانى باشقۇرۇشتا شەرىئەت ساھىبىغا ئورۇنباسار بولۇشتۇر»(1).

بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋالىمىزكى، بۇ ئۈچ قىسىمنى ئايرىپ تۇرىدىغان پاسىل ھاكىمىيەت ئاساسىدۇر. ئەگەر ھاكىمىيەت ئاساسى خوجايىن بولۇش بولسا، ئۇ تەبىئىي ھۆكۈمرانلىقتۇر. (تەبىئىي دەپ ئاتىلىشى) چۈنكى، ئىنساننىڭ تەبىئىتىدە ئۈستۈنلۈكنى ياخشى كۆرۈش بار. دېمەك، ھاكىمىيەت ئاساسى باشقىلارغا خوجايىن بولۇش بولىدىكەن — گەرچە مۇناپىقلار ئۇنى «ئالىي يوليورۇق» دەپ ئاتىۋالسىمۇ — پادىشاھنىڭ شەخسىي قىزىقىشى ھاكىمىيەتنىڭ ئاساسىدۇر. ئەگەر ھاكىمىيەت ئاساسى ئەقىل بولسا، ئۇ سىياسەتنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدۇر. ئەگەر ھاكىمىيەت ئاساسى دىن بولسا، ئۇ خىلافەتتۇر.

[26] بۇ ئورۇنلۇق تەقسىملەشتۇر. بىراق بۇ تېمىدا شۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلۇشى كېرەككى، ئىسلامدىكى پەيغەمبەرچە خىلافەت ئەقىلنىڭ ھۆكمىدىن ۋە ئومۇمىي مەنپەئەتنى كۆزدە تۇتۇشتىن خالىي بولمايدۇ. شۈبھىسىزكى، ھاكىمىيەت سىياسىتى ھەققىدە كەلگەن نەسلەر ئاز ۋە چەكلىكتۇر، ئۇنىڭ ئىسپاتلانغانلىرىمۇ تەپسىلىي ئەمەس. شۇڭا، ئەقىلنىڭ ھۆكمى لازىم ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى شەرىئەتنىڭ سايىسى ئاستىدا ئەقىلنىڭ تەلەپ – تەقەززاسى بويىچە ئىدارە قىلماق لازىم. شۇنىڭدەك ھاكىمىيەتتە مەنپەئەت ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ، لېكىن شەرىئەتنىڭ ئۆزگەرمەس پرىنسىپلىرىدىن ھېچبىر پرىنسىپقا قارشى كەلمەستىن، شەرىئەتكە ماس ھالدا، شەرىئەتنىڭ بىرەر ئاساسىغا بىنائەن ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ.

ئىبنى خەلدۇن تىلغا ئالغان، دىنىي ئەمرلەر بىلەن مەنپەئەت ئاساسىدىكى ھۆكۈملەر جەملەشكەن يۇقىرىقى پرىنسىپ بويىچە خىلافەتنىڭ بەرپا بولۇشى خۇلەفائى راشىدىن(2)نىڭ دەۋرىدە روياپقا چىققان. ئۇلار كىشىلەرنىڭ ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ھەد(3)لەرنى ئىجرا قىلاتتى، شەرىئەت ھۆكۈملىرىنى يۈرگۈزەتتى، دىنغا دەۋەت قىلاتتى ۋە بەزى ئادەملەرگە مۇھىم دەپ قارىغان ئىشلارنى بايان قىلاتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلار نېمىدە كىشىلەرنىڭ مەنپەئەتى بار بولسا، شۇنىڭغا ھەرىكەت قىلاتتى. چۈنكى، ھەقىقىي مەنپەئەت، شەكسىزكى، شەرىئەتكە ئۇيغۇن مەنپەئەتتۇر. ھارام ئىشلاردىمۇ مەنپەئەتلەرنىڭ بارلىقىدىن ئىبارەت دەۋا باتىلدۇر، ئۇ پەقەت كۆرۈنۈشتە مەنپەئەتتۇر.

ئادالەتنى بەرپا قىلىدىغان، زۇلۇمنى مەنئى قىلىدىغان، دىن ۋە مەنپەئەت ئاساسىدىكى بىر خىلافەتنى قۇرۇشنىڭ ۋاجىب ئىكەنلىكى ئىسلامدىكى سىياسىي مەزھەبلەر ئىتتىپاقلاشقان بىر ئىشتۇر. بۇ مەسىلىدە بىر مەزھەب بىلەن يەنە بىر مەزھەب ئوتتۇرىسىدا پەرق يوق. ئۇ ھەقتە ئىمام ئىبنى ھەزم مۇنداق دەيدۇ:

«ئەھلىسۈننەتنىڭ ھەممىسى، مۇرجىئەلەرنىڭ ھەممىسى، خاۋارىجلارنىڭ ھەممىسى خىلافەتنىڭ ۋاجىب ئىكەنلىكىگە، ئۈممەت ئىچىدە ئاللاھنىڭ ھۆكۈملىرىنى تۇرغۇزىدىغان، ئۈممەتنى رەسۇلۇللاھ ئېلىپ كەلگەن شەرىئەت ئەھكاملىرى بىلەن باشقۇرىدىغان ئادىل بىر خەلىفەگە بويسۇنۇشنىڭ ۋاجىب ئىكەنلىكىگە ئىتتىپاقلاشقان. خاۋارىجلارنىڭ نەجدات پىرقەسىلا بۇنىڭ سىرتىدا. ئۇلار: ‹كىشىلەرگە خىلافەتنىڭ پەرز بولۇشى لازىم ئەمەس، بەلكى ئۇلارغا لازىمى ئۆزئارا ھەقنى ئىزدەشتۇر› دېگەن. بۇ نەسلى قۇرۇپ كەتكەن بىر پىرقەدۇر. ئۇلار يەمامەلىك نەجدە ئىبنى ئۇۋەيمىرگە نىسبەت بېرىلىدۇ(4). بۇ پىرقەنىڭ گېپى بىكاردۇر، بىز يۇقىرىدا تىلغا ئالغان ھەممەيلەننىڭ ئىجمائسى ئۇنىڭغا رەددىيە بولۇشقا ۋە ئۇنىڭ باتىللىقىغا كۇپايىدۇر. كىتاب ۋە سۈننەت ئىمام تىكلەشنى ۋاجىب دەپ كەلگەن. ئاللاھ تائالانىڭ ئۇشبۇ سۆزى شۇ جۈملىدىندۇر: ﴿يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ أَطِيعُواْ ٱللَّهَ وَأَطِيعُواْ ٱلرَّسُولَ وَأُوْلِي ٱلۡأَمۡرِ مِنكُمۡۖ / ئى مۇئمىنلەر! ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، پەيغەمبەرگە ۋە ئۆزۈڭلاردىن بولغان ئىش ئۈستىدىكىلەرگە ئىتائەت قىلىڭلار﴾(4/«نىساﺋ»: 59). شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىماملارغا ئىتائەت قىلىش ۋە ئىماملىقنىڭ ۋاجىبلىقى توغرىسىدا نۇرغۇن سەھىھ ھەدىسلەر بار»(5).

[27] فۇقەھائ‍ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ خەلىفەسى (ئورۇنباسارى) بولۇشتىن ئىبارەت ئىماملىقنىڭ ۋاجىبلىقى توغرىسىدىلا ئىجماﺋ قىلىپلا قالماي، بەلكى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ خەلىفەسى بولۇشقا يارايدىغان بىرەر ئىمامنى تىكلەش قىيىن بولۇپ قالسا، چوقۇم بىر ھاكىمىيەتنىڭ كېرەكلىكى توغرىسىدىمۇ ئىجماﺋ قىلغان. شۇڭا، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ﴿إِنِ ٱلۡحُكۡمُ إِلَّا لِلَّهِۖ / بارچە ھۆكۈم ئاللاھقا خاستۇر﴾(6/«ئەنئام»: 57) دېگەن ئايەتنى دەستەك قىلىۋالغان سۆزلىرى بىلەن ئۆزىدىن مۇناسىۋەتنى ئۈزگەن خاۋارىجلارغا رەددىيە بېرىپ ئېيتقانكى: «ھەق سۆزدۇر، ئەمما ئۇنىڭدىن باتىل مەقسەت قىلىنىۋاتىدۇ».

شۇنداق! بارچە ھۆكۈم ئاللاھقا خاستۇر، لېكىن بۇلار (ھۆكۈمدىن ئەمىرلىك ۋە ھاكىمىيەتنى مەقسەت قىلىپ): ئەمىرلىك پەقەت ئاللاھقا خاستۇر، دېمەكچى. شۈبھىسىزكى، مەيلى سالىھ بولسۇن ياكى فاجىر بولسۇن، ئىنسانلارغا بىر ئەمىر لازىم، ئۇنىڭ ئەمىرلىكى ئاستىدا مۇئمىن ئەمەل قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن كافىر (يەنى زىممىي) مەنپەئەتلىنىدۇ، ئاللاھ ئۇ ئارقىلىق دۈشمەنلىرىنىڭ ئەجىلىنى يەتكۈزىدۇ، ئولجىلارنى توپلايدۇ، ئۇ ئارقىلىق دۈشمەن بىلەن ئۇرۇشىدۇ، يوللار ئەمىن بولىدۇ، كۈچلۈكتىن ئاجىزنىڭ ھەققىنى ئېلىپ بېرىدۇ. ئاخىرىدا، ياخشىلار ئارامخۇدا بولۇپ، يامانلاردىن ئارام تاپىدۇ.

ھىدايەت ئىمامى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتقاندەك، ئەمىرلىك لازىم. بەزى ئالىملار ئەمىرلىكنى ئىككى قىسىمغا بۆلگەن بولۇپ، بىرى پەيغەمبەرچە خىلافەتتىن ئىبارەت ئىماملىقتۇر. ئۇ بولسىمۇ پەيغەمبەرچە خىلافەتنىڭ شەرتلىرىنى تولۇقلىغان ئىماملىقتۇر. بىز يېقىندا ئۇنىڭ شەرتلىرىنى ۋە ئالىملارنىڭ ئۇ ھەقتىكى ئىختىلاپىنى بايان قىلىمىز. ئەگەر پەيغەمبەرچە خىلافەتنىڭ شەرتلىرى ئەمەلىيلەشمىسە، پەيغەمبەرچە بولمىغان بىر ئىماملىق بەرپا قىلىنغان بولىدۇ. ئەگەر بىرەر مۇتەۋەللىي بار بولۇپ قالسا، تاكى پەيغەمبەرلىك خىلافەتى قۇرۇش ئىمكانى بولغۇچە، شۇنىڭغا ئەگىشىلىدۇ. ئىنشائاللاھ بۇلارنى كېيىن بايان قىلىمىز.

سىياسىي مەزھەبلەرنىڭ ئىختىلاپ نۇقتىلىرى

[28] مۇسۇلمانلارنىڭ ئالىملىرى سىياسەتكە ئالاقىدار مەسىلىلەردە ئىختىلاپلاشقان بولۇپ، بۇ ئىختىلاپ مۇنداق تۆت نۇقتىنى چۆرىدەيدۇ:

بىرىنچىسى: ئىككى خەلىفە تىكلەش جائىزمۇ ياكى خەلىفە بىر بولۇشى كېرەكمۇ؟

ئىككىنچىسى: خەلىفە قۇرەيشلىك بولۇشى كېرەكمۇ؟

ئۈچىنچىسى: ھېچقانداق گۇناھ – مەئسىيەت ئۆتكۈزمىگەن بولۇشى كېرەكمۇ؟ ياكى ئۆتكۈزگەن بولۇشى جائىزمۇ؟

تۆتىنچىسى: قۇرەيش جەمەتلىرى ئىچىدىكى مەلۇم بىر جەمەتتىنلا بولۇشى كېرەكمۇ؟ ياكى قۇرەيشنىڭ باشقا جەمەتلىرىدىن بولۇشىمۇ جائىزمۇ؟

مانا بۇ ئىختىلافنىڭ تۈگۈنلىرىدۇر. سىياسىي پىرقەلەر توغرۇلۇق سۆزلىگىنىمىزدە، ھەربىر پىرقەنىڭ بۇ ئىشلاردىكى قارىشى ئېنىق ئايدىڭلىشىدۇ. يۇقىرىقى ئىشلارغا قوشۇۋەتسەكمۇ بولىدىغان ئايرىم بىر ئىش بار. ئۇ بولسىمۇ خەلىفە سايلاش ئۇسۇللىرى. ئۇنى ھەم مۇشۇ پىرقەلەرنىڭ ھەربىرىنىڭ نەزەرىدىكى خەلىفە سايلاشتا رىئايە قىلىش ۋاجىب بولغان مېتود ھەققىدە توختالغىنىمىزدا بايان قىلىمىز.

[29] شۇنىسى ئېنىق مۇقەررەركى، خىلافەت ھەققىدىكى ئىختىلاپ دەسلەپتە بىرەر مەزھەب بولۇپ باشلانمىغان. چۈنكى، مەزھەب دېگەن بىر بۆلۈك تەتقىقاتچىلارنىڭ بىر ئىلمىي مېتودىدىن شەكىللىنىشنى تەقەززا قىلىدۇ. تەتقىقاتچىلار مېتودىدا ئۆزلىرىنىڭ تەپەككۇرى ئۈچۈن روشەن ۋە ئالاھىدە بىر قىسىم پرىنسىپلارنى قۇرۇپ چىقىدۇ، ئاندىن ھەربىر مېتودنىڭ شۇ پرىنسىپلارنى قوبۇل قىلىدىغان ۋە ئۇنى قوغدايدىغان ھەمدە داۋاملىق ئىزدىنىش ۋە تەتقىق قىلىش بىلەن ئۇنى كۈچەيتىدىغان بىر تائىپىسى ياكى ئېقىمى بولىدۇ. مۇشۇ مېتودلار ياكى بۇ مەزھەبلەر، ياكى بۇ پىرقەلەر تۇنجى قېتىملىق ئىختىلاپتىلا شەكىللەنمەيدۇ، بەلكى باشتا ئىختىلاپ باشلىنىدۇ، ئاندىن كېيىن خىلمۇخىل پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چىقىدۇ ۋە ھەربىر كۆزقاراش مەلۇم ئاساسلارغا ئىگە قىلىنىدۇ، ئاندىن بۇ قاراشلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى تونۇلىدۇ، شۇ چاغدا مەزھەبلەر شەكىللىنىدۇ.

شۇڭا، مۇنداق ئىككى ئىشنى بايان قىلىشىمىز كېرەك:

بىرىنچى: خىلافەت ھەققىدە تۇغۇلغان ئىختىلاپنىڭ باسقۇچلىرى؛

ئىككىنچى: شۇ باسقۇچتا بىرلىككە كېلىنگەن مەسىلىلەر.

ئەنە شۇنىڭ ھەممىسى خۇلەفائى راشىدىننىڭ دەۋرىدە بولۇپ بولغان، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇمەۋىيلەرنىڭ ۋە ئۇلاردىن كېيىنكىلەرنىڭ دەۋرلىرىدە پىرقەلەر ۋە سىياسىي مەزھەبلەر شەكىللەنگەن.

بىرىنچىدىن: خىلافەت توغرىسىدىكى ئىختىلاپنىڭ باسقۇچلىرى

[30] پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن كېيىن كىمنىڭ خەلىفە بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇ زاتتىن كەسكىن بىر نەس ياكى ئوچۇق بىر ئىشارەت كەلمىگەن. بۇ ھەقتە كەلگىنى پەقەتلا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۆلۈم كۆرپىسىدىكى كېسەل ھالىتىدە ئەبۇبەكرىنى مۇسۇلمانلارغا ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇپ بېرىشكە بۇيرۇغانلىقىدۇر. بەزى كىشىلەر بۇنىڭدىن ئەبۇبەكرىنىڭ مۇسۇلمانلارغا خەلىفە بولۇشىغا ئىشارەت بارلىقىنى چۈشەنگەن ۋە ئۇلارنىڭ بىرى: «رەسۇلۇللاھ دىنىمىز ئىشىدا ئۇنىڭغا رازى بولۇۋاتسا، بىز دۇنيا ئىشىمىزدا ئۇنىڭغا رازى بولمامدۇق؟» دېگەن. لېكىن، بۇ گەپ لازىم بولمىغاننى لازىم قىلىۋالغانلىقتۇر. چۈنكى، دۇنيا باشقۇرۇش ئىبادەت ئىشىغا ئوخشىمايدۇ. شۇڭا، ئىشارەت ئوچۇق ئەمەس. ئۇنىڭدىن سىرت، خەلىفەنىڭ قايسى قەبىلىدىن چىقىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇھاجىرلار بىلەن ئەنسارلار مۇھاكىمە قىلىشقان چەللە يىغىنىدا يىغىن ئىشتىراكچىلىرىدىن ھېچكىم بۇنى ھۆججەت قىلغان ئەمەس. دېمەك، ئۇلارنىڭ «نامازغا ئىمام بولۇش بىلەن مۇسۇلمانلارغا باش بولۇش ئوتتۇرىسىدا زىچ بىر مۇناسىۋەت بار» دەپ قارىمىغانلىقى ئاشكارىدۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە ناۋادا ئەبۇبەكرىگە بىرەر ئىشارەت بار بولسا ئىدى، ئىشارەت ئەبۇبەكرىگە بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىختىلاپلىشىش ھالال بولمايتتى.

[31] بۇ يەردە ئوقۇرمەن سورايدۇ: «قۇرئان» نېمىشقا خىلافەتنىڭ ئاساسلىرىنى زىكىر قىلمىغان؟ ياكى نېمىشقا خىلافەتنىڭ شەرتلىرىنى، خەلىفە بولىدىغان كىشىنىڭ سۈپەتلىرىنى بايان قىلمىغان؟

بۇنىڭغا جاۋابەن دەيمىزكى، «قۇرئان كەرىم» ئىسلام ھاكىمىيىتىنىڭ ئۈچ ئاساسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇلار:

1. ئادالەت؛

2. كېڭەش (شۇرا)؛

3. گۇناھ ئىش بولمىسىلا، مۇئمىن ياخشى كۆرگەن ياكى يامان كۆرگەن ھەممە ئىشتا (مۇسۇلمانلاردىن بولغان) ئىش ئىگىلىرىگە ئىتائەت قىلىشى. ئەگەر گۇناھ – مەئسىيەتكە بۇيرۇپ قالسا، ئۇ چاغدا قۇلاق سالمايدۇ ۋە ئىتائەت قىلمايدۇ.

ئادالەتكە ئېنىق دالالەت قىلىدىغان ئايەتلەر كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ دالالىتىنىڭ قەتئىيلىكىدە شەككە ئورۇن يوقتۇر.

كېڭەشكە كەلسەك، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋەھيى بىلەن گەپ قىلىدىغان زات بولسىمۇ، كېڭەش قىلىشقا بۇيرۇلغان. ھالبۇكى ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ۋەھيى بىلەن گەپ قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېيتقانكى: ﴿وَمَا يَنطِقُ عَنِ ٱلۡهَوَىٰٓ ٣ إِنۡ هُوَ إِلَّا وَحۡيٞ يُوحَىٰ ٤ عَلَّمَهُۥ شَدِيدُ ٱلۡقُوَىٰ ٥ / (ئۇ) ئۆز نەفسى خاھىشى بويىچە سۆزلىمەيدۇ. پەقەت ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان ۋەھيىنىلا سۆزلەيدۇ. ۋەھيىنى ئۇنىڭغا كۈچلۈك پەرىشتە (جىبرىل) تەلىم بەردى﴾(53/«نەجم»: 3 – 5). ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى (ساھابەلىرى بىلەن) كېڭىشىشكە بۇيرۇپ ئېيتقانكى: ﴿وَشَاوِرۡهُمۡ فِي ٱلۡأَمۡرِۖ / ئىشلاردا ئۇلار بىلەن كېڭەشكىن﴾(3/«ئال ئىمران»: 159). ئاللاھ تائالا ھېچبىر نەس كەلمىگەن مەسىلىلەردە كېڭەش قىلىشنى مۇسۇلمانلارنىڭ بارلىق ئىشلىرىنىڭ ئومۇمىي پرىنسىپى قىلغان. ئاللاھ تائالا ئېيتقانكى: ﴿وَأَمۡرُهُمۡ شُورَىٰ بَيۡنَهُمۡ / ئۇلار ئىشلىرىنى كېڭەش بىلەن قارار قىلىدۇ﴾(42/«شۇرا»: 38).

ئىتائەت قىلىشقا كەلسەك، ئۇ «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئوچۇق نەسسى بىلەن ئىسپاتلانغان. ئاللاھ تائالا ئېيتقانكى: ﴿يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ أَطِيعُواْ ٱللَّهَ وَأَطِيعُواْ ٱلرَّسُولَ وَأُوْلِي ٱلۡأَمۡرِ مِنكُمۡۖ فَإِن تَنَٰزَعۡتُمۡ فِي شَيۡءٖ فَرُدُّوهُ إِلَى ٱللَّهِ وَٱلرَّسُولِ إِن كُنتُمۡ تُؤۡمِنُونَ بِٱللَّهِ وَٱلۡيَوۡمِ ٱلۡأٓخِرِۚ / ئى مۇئمىنلەر! ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، پەيغەمبەرگە ۋە ئۆزۈڭلاردىن بولغان ئىش ئۈستىدىكىلەرگە ئىتائەت قىلىڭلار. ئەگەر سىلەر بىر شەيئىدە ئىختىلاپ قىلىشىپ قالساڭلار، ئاللاھ ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىغان بولساڭلار، بۇ توغرىدا ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە مۇراجىئەت قىلىڭلار!﴾(4/«نىساﺋ»:59). پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتقانكى: «السَّمْعُ وَالطَّاعَةُ عَلَى الْمَرْءِ الْمُسْلِمِ فِيمَا أَحَبَّ وَكَرِهَ مَا لَمْ يُؤْمَرْ بِمَعْصِيَةٍ / ھەرقانداق بىر مۇسۇلماننىڭ، مەيلى ئۇ ياخشى كۆرگەن ياكى يامان كۆرگەن ئىشتا بولسۇن، گۇناھ بولىدىغان ئىشقىلا بۇيرۇلمىسا، باشلىقىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلىشى ۋاجىب بولىدۇ»(6).

شەرىئەت ئىسلام ھاكىمىيىتى بەرپا بولىدىغان ئۇل – ئاساسلارنى مۇشۇ ئۈچ پرىنسىپ بىلەن بايان قىلغان. شۈبھىسىزكى، ھاكىم تاللاش ۋە ھاكىمنىڭ ھوقۇقىنى كۆزىتىشنىڭ ئاساسى بولغان كېڭەش مۇھىتلارنىڭ، خەلقلەرنىڭ ۋە ئادەملەرنىڭ ئەھۋاللىرىنىڭ پەرقلىق بولۇشىغا بېقىپ پەرقلىق بولىدۇ. ئۇنىڭغا مەخسۇس بىر يولنى بەلگىلىۋېلىش توغرا ئەمەس ۋە قوبۇل قىلىنمايدۇ. شۇ جەھەتتىن، ئەڭ ئۈلگىلىك تۈزۈملەر خەلقلەرنىڭ پەرقلىق بولۇشىغا بېقىپ پەرقلىق بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كېڭەشكە مەخسۇس بىر يولنى، مۇقىم بىر نىزامنى بېكىتمىگەن.

كېڭەش ئارقىلىق سايلانغان ھاكىم ھاكىممۇتلەق بولمايدۇ، بەلكى ئۇ بىرىنچىدىن، دىنىي ئەھكاملارغا باغلانغان بولىدۇ. چۈنكى، دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، دىنىي ئەھكاملارنى ئىجرا قىلىش ئىسلامىي ھاكىمىيەتنىڭ بىرىنچى مەقسىتىدۇر. ئىككىنچىدىن، ئۇ كېڭەشكە باغلانغان بولىدۇ. دېمەك، چوقۇملا ئۇنىڭ قېشىدا ئۇنىڭغا مەسلىھەت بېرىدىغان كىشىلەر، بەلكى ئۇنى توغرا تەرەپكە قىستايدىغان كىشىلەر بولىدۇ.

[32] بۇ مۇقەددىمەدىن كېيىن دەيمىزكى:

مۇسۇلمانلار رەسۇلۇللاھنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، رەسۇلۇللاھنىڭ ئورۇنباسارى بولۇپ مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشىغا ئىگە بولىدىغان كىشى ھەققىدە ئىختىلاپلاشتى.

ئەنسارلار، مۇھاجىرلارغا جاي بېرىش ۋە ياردەم بېرىشتەك پەزىلەتلىرى بولغاچقا، خەلىفەنى ئۆزلىرىدىن بولىدۇ دەپ قارىدى. چۈنكى، ئۇلار ئىسلامنىڭ ھىمايىچىلىرى ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ياردەمچىلىرى ئىدى. ئۇلار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى خىلافەتنى ئەرەبلەرنىڭ مەلۇم بىر قەبىلىسى ۋە جەمەتىگە خاس قىلغان دەپ قارىمىدى.

ئەبۇبەكرى، ئۆمەر باشچىلىقىدىكى يەنە بىر گۇرۇپپا كىشىلەر مۇھاجىرلارنىڭ ئىسلامغا ھەممىدىن ئىلگىرى كىرگەنلىكى، ئەرەبلەرنىڭ پەقەت قۇرەيشكە بويسۇنىدىغانلىقى ئۈچۈن، خىلافەتكە مۇھاجىرلارنى توغرا كۆردى.

ئۈچىنچى بىر گۇرۇپپا «خىلافەت پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ جەمەتى بولغان بەنى ھاشىم ئىچىدە بولىدۇ» دەپ قارىدى ۋە ئۇلار ئەلىنىڭ پۈتكۈل بەنى ھاشىم جەمەتى ئىچىدە ئىسلامغا بۇرۇن كىرىش، قىيىن مەيدانلاردا ئىسلامنى قوغداش، شۇنداقلا ئالىملىق ۋە فەقىھلىك قاتارلىق ئۈستۈن ئىمتىيازى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى تاللىدى.

ئىككىنچىدىن: خىلافەت ھەققىدە بىرلىككە كېلىنگەن مەسىلىلەر

ئىختىلاپ ئۇزۇن داۋاملاشمايلا، ئەبۇبەكرى بىلەن ئۆمەرنىڭ گۇرۇپپىسى بەنى سائىدە چەللىسى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا غەلىبە قىلدى ۋە ئەبۇبەكرىگە بەيئەت قىلىندى. ئەنسارلاردىن بىر ئادەمنى يەنى سەئد ئىبنى ئۇبادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى مۇستەسنا قىلغىنىمىزدا، ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئىجماﺋ بىلەن (ھەممىسىنىڭ بىردەك قوشۇلۇشى بىلەن) بەيئەت قىلىندى. بىرىنچى قاراش (يەنى ئەنسارلارنىڭ قارىشى) تارىخ دېڭىزىدا يوقاپ كەتتى ۋە كېيىنچە ھېچبىر مەزھەب ئۇنىڭغا دەۋەت قىلىپ باقمىدى. ئۈچىنچى قاراش (يەنى ئۈچىنچى گۇرۇپپىنىڭ قارىشى) غا كەلسەك، ئۈچىنچى خەلىفە دەۋرىنىڭ ئاخىرىغىچە جىمىپ كەتتى.

[33] ئۇشبۇ ئىختىلاپ ئەبۇبەكرى ۋە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ دەۋرلىرىدە، شۇنداقلا زۇننۇرەين ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خەلىفەلىك مەزگىلىنىڭ كۆپىنچىسىدە بېسىقىپ كەتتى. چۈنكى، ئەبۇبەكرى بىلەن ئۆمەرنىڭ خاراكتېرى ھەمدە ئۆمەرنىڭ مۇسۇلمانلارغا قارىتا رەھىمدىللىكى، ئادالىتى ۋە كەسكىنلىكى فىتنەلەرنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە ئىختىلاپنىڭ تۇغۇلۇشىنى توسۇشتا چوڭ تەسىرى بولغانىدى. ئۇنىڭدىن سىرت، مۇسۇلمانلار ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش بىلەن ۋە ئىسلام ھاكىمىيىتى چېگرىسىنىڭ كېڭىيىشىگە سەۋەب بولغان ئەنە شۇ فەتىھلەرنى پىلانلاش بىلەن ئالدىراش ئىدى. شۇڭا، تا شەھىد خەلىفە ئوسماننىڭ دەۋرىدە فىتنەلەر پەيدا بولغانغا قەدەر، ئەبۇبەكرى بىلەن ئۆمەرنىڭ مەزگىلى ئەسناسىدا ھەمدە ئوسماننىڭ خەلىفەلىكىنىڭ يېرىمىغىچە، تارىخ خىلافەت ھەققىدە ھېچقانداق بىر دەتالاشنى خاتىرىلىمىگەن.

[34] بىز بۇ ئىختىلاپنىڭ سەۋەبلىرىنى بايان قىلىشقا كىرىشتىن بۇرۇن، ئاشۇ ئۈچ خەلىفەنى سايلاشتا قوللىنىلغان خەلىفە سايلاش يوللىرىنى سۆزلەيمىز. ساھابەلەر خەلىفەلەرنى سايلاشتا ئۈچ خىل يولدا ماڭغان. ھەربىر خەلىفەنىڭ سايلىنىشى يەنە بىرىنىڭ سايلىنىشىغا ئوخشىمايتتى.

بىرىنچى يول: ئەبۇبەكرى سىددىقنىڭ سايلىنىش يولى. بۇ يول مۇسۇلمانلارنىڭ بىۋاسىتە سايلاش يولى بولغانىدى. بۇ سايلام بەنى سائىدە چەللىسى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغانىدى.

ئىككىنچى يول: ئۆزىدىن كېيىنكى كىشىگە ۋەسىيەت قىلىش. بۇ يول ئۆمەرنى سايلاشتا قوللىنىلغانىدى. چۈنكى، ئۆمەرنى ئەبۇبەكرى خەلىفەلىككە تاللاپ، ئۇنىڭغا خىلافەتنى ۋەسىيەت قىلغان ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمانلاردىن بەيئەت ئالغان.

ئۈچىنچى يول: خەلىفە بىرنەچچە كىشىنى نامزات كۆرسىتىدۇ، بۇ نامزاتلار ئۆزلىرى ئارىسىدىن بىرىنى تاللايدۇ، ئاندىن مۇسۇلمانلار ئۇنىڭغا بەيئەت بېرىدۇ. بۇ يولنى ئۆمەر سۇيىقەستكە ئۇچراپ، ئۆلۈم گىردابىدىكى چاغدا قوللانغان. ئۆمەر خەلىفە سايلاش ئىشىنى ئالتە كىشىگە قالدۇردى. بۇ ئالتە كىشى ئۆزلىرى ئارىسىدىن بىرىنى تاللاشتا ئىتتىپاقلىشاتتى، ئىتتىپاقلاشقاندىن كېيىن، كۆپچىلىك مۇسۇلمانلار ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا بەيئەت بېرەتتى. نەتىجىدە ئالتىسى ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى تاللىدى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئاممىسىغا ئۇنى نامزات قىلىپ كۆرسەتتى. شۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئاممىسى ئوسمانغا بەيئەت بەردى. ئۇلار ئىچىدە مىقداد ئىبنى ئەسۋەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئوخشاش كۆڭلىدە ئازراق غۇم بار ھالدا بەيئەت بەرگەنلەرمۇ بار ئىدى. بۇ گۇرۇپپا كىشىلەر ئىختىلاپ بولمىسۇن دەپ بەيئەتكە قوشۇلغان.

[35] شۇنىڭ بىلەن زۇننۇرەين ئوسمان خەلىفەلىككە سايلاندى. ئۇنىڭ دەۋرىدە ئىختىلاپ كۈچىيىشكە باشلىدى. بۇ ئىختىلاپ دېڭىز دولقۇنىدەك فىتنەلەرگە ئايلاندى. بۇ فىتنەلەر مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي بۆلۈنۈشنىڭ تۇنجى باسقۇچى ئىدى. شۇنداقلا بۇ فىتنەلەر سىياسىي مەزھەبلەرنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ تۇنجى باسقۇچى ئىدى.

[36] بۇ فىتنەلەرنىڭ سەۋەبلىرى ياكى ئوسماننىڭ دەۋرىدىكى قاتتىق ئىختىلافنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبلىرى كۆپتۇر. بۇ سەۋەبلەرنىڭ بىرىنچىسى ئوسماننىڭ ئىلگىرى ئىمان ئېيتقان مۇھاجىر ۋە مۇجاھىدلارنىڭ چوڭلىرىغا ھەرقايسى شەھەرلەرگە كېتىشكە رۇخسەت بېرىشىدۇر. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، چوڭ ساھابەلەر ھەرقايسى ئىسلامىي رايونلارغا تېزلىكتە ئېقىپ كەتتى. ھالبۇكى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆز دەۋرىدە بىرەر ۋالىيلىق ياكى قوشۇن قوماندانلىقىدەك مۇھىم ئىش بولمىسا، ئۇلارنى مەدىنەدىن چىقىشتىن چەكلىگەنىدى. ئۆمەرنىڭ ئۇلارنى چەكلىشىنىڭ سەۋەبى، ئۇ ئۇلار (نىڭ كامىل ئىلمى، دانا پىكىرلىرى ۋە توغرا مەسلىھەتلىرى) دىن پايدىلىنىشنى مەقسەت قىلغان، شۇنداقلا يەنە كىشىلەرنىڭ ئۇلار بىلەن فىتنەگە چۈشۈپ قېلىشىدىن ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ بالدۇر ئىسلامغا كىرىش ئارتۇقچىلىقلىرى بىلەن ھاكىملارنى تەنقىدلىشىدىن ئەنسىرىگەن ئىدى. شۇڭا، ئۇلارنىڭ تەنقىدلىرىدىن ئۆزى پايدىلىنىش ئۈچۈن ئۇلارنى يېنىدا قالدۇرغان.

ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇلارغا رۇخسەت بەرگەندىن كېيىن، ئۇلاردىن خەلىفەنى تەنقىدلەش ۋە ۋالىيلارنى تەنقىدلەش سادىر بولدى. ئەبۇ زەر غىفارىينىڭ نېمە دېگەنلىكىگە قاراڭ! رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئۇ شامدا مۇنداق دېگەن: «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، مەن كۆرۈپ باقمىغان ئىشلار پەيدا بولۇپ كەتتى. ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ئۇ ئىشلار ئاللاھنىڭ كىتابىدىمۇ يوق ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ سۈننىتىدىمۇ يوق. مەن ھەقىقەتەن ئۆچۈۋاتقان ھەقنى، تىرىلىۋاتقان باتىلنى، يالغانغا چىقىرىلىۋاتقان راستچىلنى، تەقۋالىقسىز شەخسىيەتچىلىكنى، شەخسىيەتچىلىك قىلىنىۋاتقان مالنى كۆرۈۋاتىمەن».

سىز بۇ قاتتىق ئىبارىلەردىن بىر ئۇلۇغ ساھابەنىڭ ئاشكارا ۋە كۈچلۈك بىر تەنقىدىنى كۆرۈۋالالايسىز. شەكسىزكى، ئۇ خىل تەنقىدنىڭ ئاۋامنىڭ كۆڭۈللىرىگە، بولۇپمۇ ھېچبىر قانۇن – ئىنتىزامغا ئادەتلەنمەي ياشاپ، ھاكىمىيەتتىن ئىچى پۇشىۋاتقانلارنىڭ كۆڭۈللىرىگە ئەلبەتتە تەسىرى بولماي قالمايدۇ.

شۇڭا، ھەبىب فىھرىي مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: «ئەبۇ زەر سىلەرگە قارشى گەپلەرنى قىلىپ، شامنى بۇزۇۋەتتى، ئەگەر ساڭا شام ئەھلى كېرەك بولسا، شام ئەھلىنى ئوڭشا» دېدى. شۇنىڭ بىلەن مۇئاۋىيە ئەبۇ زەر ئۈستىدىن ئوسمانغا شىكايەت قىلغانىدى، ئوسمان ئۇنى مەدىنەگە كەلتۈردى، ئاندىن ئۇنى رەبەزە دېگەن يەرگە پالىۋەتتى(7).

مۇشۇنداق چوڭ بىر ساھابە پالىۋېتىلسە، چوقۇملا جەمئىيەتكە سەلبىي تەسىرى بولىدۇ. ئەبۇ زەر شامغا تەسىر كۆرسەتكەن بولسا، شەكسىزكى، ئۇنىڭدىن باشقا ساھابەلەر باشقا يەرلەرگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە (ئۇشبۇ ساھابەلەرنىڭ گەپلىرىنى) ئاڭلايدىغانلار ئىچىدە تېخى تۈنۈگۈن كۇفۇرلۇقتىن قايتقان، قەلبلىرىگە ئىسلام مۇھەببىتى تېخى سىڭىپ بولالمىغان قەۋملەر بار ئىدى ھەمدە فىتنە – پاساتقا چاقىرىۋاتقانلارمۇ بار ئىدى. ئەتراپتا بولسا يەھۇدىيلەر ۋە مۇناپىقلار تىڭ – تىڭلاپ تۇرۇۋاتاتتى.

[37] يەنە بىر سەۋەب، سەييىدىمىز ئوسماننىڭ ئۆزىنىڭ تۇغقانلىرىنى ياخشى كۆرۈش بىلەن مەشھۇر بولغانلىقى. ئۇنداق قىلىش گۇناھ ياكى خاتا ئەمەس، لېكىن ئۇ تۇغقانلىرىنى مەنسەپكە قويۇپ، ئۇلارنى ئۆزىگە يېقىن قىلدى، دۆلەتنىڭ كۆپ ئىشلىرىدا ئۇلارغا مەسلىھەت سالاتتى، ھالبۇكى ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىشەنچسىز ئادەملەرمۇ بار ئىدى. تۇغقانلىرىغا كۆپ مەسلىھەت سالغانچىلىك ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مەسلىھەت سورايدىغان خاس كىشىلىرىدىن بولغان ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب، سەئد ئىبنى ئەبۇ ۋەققاس، تەلھە ۋە ئۇندىن باشقىلاردەك كاتتا ساھابەلەرگە كۆپ مەسلىھەت سالمايتتى.

ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ تۇغقانلىرى بولغان ئەنە شۇ ئۇمەۋىيلەر ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىۋېلىشقا ئۇرۇناتتى، ئوسماننى باشقىلارنىڭ تاپا – تەنىسىگە ۋە تەنقىدىگە قارىماسلىققا كۈشكۈرتەتتى. بۇ ھەقتە رىۋايەت قىلىنىدۇكى: «مىسىر ۋە كۇفەدىن كېلىپ ئوسمانغا قارشى توپىلاڭ كۆتۈرگەنلەر ئۇنى قورشىۋالغان چاغدا، ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مىسىرلىقلارنى قايتۇرۇۋېتىش ئۈچۈن ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىبتىن ياردەم سورىدى. شۇنىڭ بىلەن ئەلى مىسىرلىقلارنى قايتۇرۇۋەتتى ھەمدە ئۇ ئوسمانغا قەلبىدە سەمىمىيەت ۋە تەۋبە بارلىقىغا ئاللاھنى گۇۋاھچى قىلىپ تۇرۇپ، كىشىلەرگە تەسىر قىلغۇدەك بىر سۆز قىلىش توغرىسىدا مەسلىھەت بەردى. نەتىجىدە ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سۆز قىلىۋېدى، كىشىلەرنىڭ قەلبلىرى ئېرىدى، ھەتتا ئۇلارنىڭ كۆپى يىغلىدى ۋە كۆڭۈللىرى ئىزىغا چۈشتى، شۇنداقلا قىلىچلار قىنىغا كىرگىلى ۋە يامانلىق خاھىشلىرى ھۈجەيرە ھالىتىدىلا ئۆلگىلى ئاز قالغانىدى، لېكىن مەرۋان ئىبنى ھەكەم كېلىپ، ئوسمانغا: ‹ئاتا – ئانام ساڭا پىدا بولسۇن! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بۇ سۆزۈڭنىڭ سەن كۈچلۈك ھالىتىڭدە دېيىلگەن بولۇشىنى ئارزۇ قىلىپ قالدىم، شۇنداق بولغان بولسا، مەن تۇنجى بولۇپ سۆزۈڭنى قوبۇل قىلغان ۋە ياردەم قىلغان بولار ئىدىم. بىراق سەن ئۇ سۆزنى پىچاق سۆڭەككە يېتىپ، چىدىغۇسىز بىر ھالغا كەلگەندە دېدىڭ. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەغپىرەت تىلەپ خاتالىق ئۈستىدە قېلىش بىركىمدىن قورقۇپ تەۋبە قىلىشتىن ياخشىراقتۇر. ئەگەر خاھلىساڭ، تەۋبىنى ئىقرار قىلىپ، خاتالىقنى ئىقرار قىلمىغايسەن. تاغدەك ئادەملەر ئىشىك ئالدىڭغا توپلىشىپ كەتتى› دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئوسمان: ‹سەن ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ، ئۇلارغا گەپ قىلغىن، مەن ئۇلارغا (تەكرار) گەپ قىلىشتىن ھايا قىلىمەن› دېدى. مەرۋان ئىشىك ئالدىغا چىقتى، ھالبۇكى ئادەملەر ئۈستى – ئۈستىگە دۆۋىلىشىپ كەتكەنىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ‹نېمە ئىشىڭلار بار؟ خۇددى بىرنەرسىنى بۇلايدىغاندەك توپلىشىپ تۇرۇپ كېتىپسىلەر، تەلەتىڭلارنىڭ سەتلىكىنى، ھەممىڭلار بىر – بىرىڭلارنىڭ قۇلىقىغا بىر نېمىلەرنى پىچىرلاۋاتىسىلەر، (بىلدىم) سىلەر ھۆكۈمرانلىقىمىزنى بىزدىن تارتىۋالماقچى بولۇپ كېلىپسىلەر. بىزدىن نېرى تۇرۇڭلار! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بۇ يەردە بىزگە چاپلىشىپ تۇرىۋەرسەڭلار، بىزدىن سىلەرنى خۇرسەن قىلمايدىغان بىر ئىش سادىر بولۇپ قالىدۇ، ئاقىۋىتىڭلار يامان بولىدۇ. ئۆيلىرىڭلارغا قايتىڭلار! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز چوقۇم قولىمىزدىكى نەرسىنى تارتقۇزۇپ قويمايمىز›»(8).

[38] ئوسماننىڭ ئۆزىنىڭ بىر قىسىم تۇغقانلىرىنى ۋالىيلىققا تەيىنلىشى ئۇنىڭ «تۇغقانلىرىغا يان باسىدۇ» دەپ قارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ھالبۇكى بۇ تەيىنلەنگەن ۋالىيلار ئىسلامغا ئىلگىرى كىرگەنلەردىن ئەمەس ئىدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئابدۇللاھ ئىبنى سەئد ئىبنى ئەبۇسسەرھكە ئوخشاش ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن مۇرتەد بولغانلىقى ئۈچۈن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قېنىنى ھالال سانىغان كىشىمۇ بار ئىدى. ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنى ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن كېيىن مىسىرغا ۋالىي قىلدى. ئۇ ئىش سەۋەبلىك، ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا قارشى كىشىلەرنى توپلاشقا باشلىدى، ھەتتا ئۇ: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئەگەر ماڭا بىر پادىچى ئۇچرىسىمۇ، ئۇنى ئوسمانغا قارشى كۈشكۈرتكەن بولاتتىم» دېگەنىدى(9). ئابدۇللاھنىڭ ۋالىيلىققا تەيىنلىنىشى بىلەن ئۇ توغرۇلۇق يامان گەپلەر تارقالدى. كىشىلەر ئۇ توغرىسىدا: «ئۇ ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن كافىر بولغان، ئاندىن رەسۇلۇللاھقا يالغان چاپلىغان ئادەم» دېيىشكە باشلىدى.

ئابدۇللاھ سىياسەتتە مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدەك زېرەك ۋە مېھرىبان ئەمەس ئىدى، بەلكى قوپال، باغرىتاش ۋە ئوسمانغا قارشى چىقىشقا جۈرئەتلىك ئىدى. «ئىمامەت ۋە سىياسەت (الإمامة والسياسة)» ناملىق كىتابتا مۇنداق بايانلار كەلگەن: «ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، مىسىرلىقلار ئۆزلىرىنىڭ ۋالىيسى ئىبنى ئەبۇسسەرھنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىش ئۈچۈن ئوسماننىڭ ئالدىغا كەلگەن، ئاندىن ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭغا بىر مەكتۇب يازغان. خېتىدە ئۇنىڭغا تەھدىد سالغان ۋە ئۇنى توسقان. ئابدۇللاھ ئۇنىڭ توسۇقىنى قوبۇل قىلىشقا ئۇنىمىغان ۋە ئوسماننىڭ يېنىدىن (شىكايەت قىلىپ) كەلگەن مىسىرلىقلارنىڭ بەزىسىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن»(10).

شەكسىزكى، بۇنداق بىر ۋالىينىڭ قىلمىشى تەبىئىيلا (جەمئىيەتتە) مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى ئوسمانغا قارشى ئۆچمەنلىك قوزغايتتى. ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق بولدى. مىسىرلىقلار تۇنجى بولۇپ ئىسيان كۆتۈرۈپ، ئوسماننى مۇھاسىرىگە ئېلىش ئۈچۈن باردى. ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبۇسسەرھنىڭ بۇ قىلمىشى كىشىلەرنى ئادالەتنى بەرپا قىلىشتىن ئۈمىدسىزلەندۈرگەنىدى. ئادالەتتىن ئۈمىد ئۈزۈلسە، يامانلىق، فىتنە، ئۇرۇش ۋە ئۆلتۈرۈشنىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ كېتىدۇ. چۈنكى، ئادالەت تۇيغۇسى فىتنە ئالدىدا مۇستەھكەم توسۇقتۇر.

[39] ئىختىلافنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى، سەييىدىمىز ئوسماننىڭ يۇمشاق قوللۇقى. ئۇنىڭ ئەمەلدارلارغا يۇمشاقلىق قىلىشى — ھالبۇكى ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئادىل ئەمەس ئىدى — كىشىلەرنى ئۇنىڭ ئادالىتىدىن ئۈمىدسىزلەندۈردى. ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەمەلدارلارغا نىسبەتەن، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ پۇقرالارغا قىلغان يامان مۇئامىلىسىگە زەربە بېرىشتە ئۆمەردەك بولمىدى. ئۆمەرنىڭ شوئارى بولسا: «ھەر كۈنى بىر ۋالىينى مەنسەپتىن قالدۇرغىنىم، زالىم بىر ۋالىينى مەنسىپىدە بىر سائەت قالدۇرغىنىمدىن مىڭ ياخشىدۇر» ئىدى.

ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يىراقلاردىن كېلىپ، ئۆيىگە ھۇجۇم قىلغان ۋە مۇنبەر ئۈستىدە تۇرغان چېغىدا تاش ئاتقان بۇ كىشىلەرگە كەسكىنرەك بولمىدى. ئەگەردە ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئاشۇ ئاسىيلارغا فىتنە – پاساتنىڭ ھەل قىلىش چارىسى ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن ۋە ھەقنىڭ ئۆز جايىغا قايتىشى ئۈچۈن، ئۇلار ئىسيان كۆتۈرۈپ فىتنە تېرىغاندىلا قاتتىق ئەدىبىنى بەرگەن بولسا ھەم زالىم ۋالىيلارنى مەنسەپتىن قالدۇرغان بولسا، ئۇ ئىشلاردىن قۇتۇلۇپ قالاتتى، مۇسۇلمانلارنىڭ تىنچلىقىمۇ ئەسلىگە قايتاتتى، ئىختىلافمۇ ئۈزۈلەتتى. شۈبھىسىزكى، ساھابەلەرنىڭ چوڭلىرى ئۇنىڭغا ياردەم بېرىشكە تەييار تۇرغانىدى، ھەرقېتىم ئۇلار (ئىسيانچىلارغا قارشى) قورال كۆتۈرمەكچى بولسا، ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇلارنى بوشىتىپ قوياتتى. راۋىيلارنىڭ ئېيتىشىچە، 800 كىشى قورال كۆتۈرۈشكە تەييار ئىدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى قىلىچۋازلار ئىدى. سەييىدىمىز ئوسمان تىنچلىقنى ئەلا بىلىپ، مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئۇرۇش ۋە ئۆلتۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇلارنى توسۇپ قويدى. نەتىجىدە ئۇ (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!) بۇ ھادىسىنىڭ تۇنجى قۇربانى بولدى. ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا كەلگەن بالا – قازالارنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالدى، دېڭىزدەك دولقۇنلاپ كېلىشكە باشلىغان فىتنەنىڭ ئىشىكى ئېچىلدى.

[40] بۇ سەۋەبلەرنىڭ يەنە بىرى، بەلكى ئەڭ چوڭى، ئىسلامنىڭ سايىسى ئاستىدا ياشاپ تۇرۇپ، ئىسلام ئەھلىگە سۇيىقەست قىلىدىغان، ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىدىغان بىر قىسىم تائىپىلەرنىڭ پەيدا بولۇشىدۇر. ئۇلار ئىسلامنى قوغدىغان قىياپەتكە كىرىۋالاتتى. ئۇلار كۆرۈنۈشتە مۇسۇلمان بولۇپ، ئىچىدە كۇفۇرنى يوشۇرغانىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار زۇننۇرەين ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەققىدە يامان گەپلەرنى تارقىتىپ، ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ياخشى گېپىنى قىلىشقا، دۆلەتتە (ئوسمانغا قارىتا) ئۆچمەنلىك ئۇرۇقلىرىنى چېچىشقا باشلىدى ۋە ئۆزلىرىنىڭ تەشۋىقاتىغا بەزى ۋالىيلارنىڭ ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىنى باھانە قىلدى. بۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ شەيتانى ئابدۇللاھ ئىبنى سەبەﺋ ئىدى. ئىبنى جەرىر تەبەرىي ئۇ توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: «ئابدۇللاھ ئىبنى سەبەﺋ سەنئالىق بىر يەھۇدىي ئىدى، ئانىسى قارا بىر دېدەك ئىدى. ئۇ ئوسماننىڭ زامانىدا مۇسۇلمان بولغان، ئاندىن مۇسۇلمانلارنى ئازدۇرۇش ئۈچۈن مۇسۇلمانلارنىڭ ئەللىرىنى ئايلىنىپ چىققان. ئاۋۋال ھىجازغا، ئاندىن بەسرەگە، ئاندىن شامغا بارغان ۋە شاملىقلاردىن ھېچكىمنى ئازدۇرالماي مەقسىتىگە يېتەلمىگەن، شاملىقلار ئۇنى شامدىن قوغلاپ چىقىرىۋەتكەن. ئاخىرىدا، ئۇ مىسىرغا كېلىپ، مىسىرلىقلارغا ئېيتقانكى: ‹بىز ئىيسانىڭ قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى دەۋا قىلىدىغان، مۇھەممەدنىڭ قايتىپ كېلىشىنى ئىنكار قىلىدىغان ئادەملەردىن ھەيرانمىز. ھالبۇكى ئاللاھ تائالا: ﴿إِنَّ ٱلَّذِي فَرَضَ عَلَيۡكَ ٱلۡقُرۡءَانَ لَرَآدُّكَ إِلَىٰ مَعَادٖۚ / ساڭا قۇرئاننى پەرز قىلغان زات سېنى ئەلبەتتە قايتىدىغان يەرگە(11) قايتۇرىدۇ﴾(28/«قەسەس»: 85) دېگەن تۇرسا! قايتىپ كېلىشكە مۇھەممەد ئىيسادىن بەكرەك لايىق›. ئاندىن كېيىن ئۇلارغا: ‹مىڭ پەيغەمبەر ئۆتتى، ھەربىر پەيغەمبەرنىڭ بىر ۋەسىيسى(12) بولغان، مۇھەممەدنىڭ ۋەسىيىسى ئەلىدۇر› دېگەن. ئاندىن: ‹مۇھەممەد پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرقىسى، ئەلى بولسا ۋەسىيلەرنىڭ ئاخىرقىسى› دېگەن. ئاندىن كېيىن يەنە: ‹رەسۇلۇللاھنىڭ ۋەسىيسى بۇ (ئەلى) تۇرسا، ئوسمان خىلافەتنى ناھەق ئېلىۋالدى. بۇ ئىشقا (قارشىلىق بىلدۈرۈشكە) ئاتلىنىڭلار، ئەمىرلىرىڭلارنى ئەيىبلەڭلار، كىشىلەرنى ئۆزۈڭلارغا تارتىش ئۈچۈن، ئىشنى ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇش شەكلىدە ئېلىپ بېرىڭلار!› دېگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ دەۋەتچىلىرىنى (شەھەرلەرگە) ئەۋەتتى ۋە شەھەرلەردە بۇزۇقچىلىق سانىلىدىغان نۇرغۇن ئىشلار يۈز بەردى. ئۇلار ئۇنىڭ بىلەن خەت يېزىشىپ تۇردى. ئۇلار كۆرۈنۈشتە ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسسىمۇ، يوشۇرۇنچە ئۆزلىرىنىڭ ئەسلىي قاراشلىرىنى تارقاتتى. ئۇلار شەھەر – شەھەرگە مەخسۇس ئۇ يەرلەرنىڭ ۋالىيلىرىنىڭ ئەيىبلىرى توغرىسىدا مەكتۇبلارنى يېزىپ ئەۋەتىشكە باشلىدى. ئۇلار ئۆزئارا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەكتۇبلارنى يېزىشتى. ئۇلار ھەرقايسى جايلارغا كەڭ تارقاتتى. ھالبۇكى ئۇلارنىڭ تىلى بىلەن دىلى باشقا – باشقا ئىدى»(13).

تارىخچىلارنىڭ پىرى تەبەرىينىڭ بايانلىرىدىن بۇلارنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىنى بۇزۇش ئۈچۈن قانداق سۇيىقەست قىلغانلىقى، ئوسماننىڭ بەزىبىر ۋالىيسى ئۈستىدىن قىلىنغان شىكايەتنى قانداق ئىسيان كۆتۈرۈشنىڭ ۋە بۆلگۈنچى ئازغۇن پىكىرلەرنى تارقىتىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىۋالغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.

[41] بۇ سەۋەبلەر بىرلىشىپ، بىر – بىرىنى تولۇقلىدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە شەھىد خەلىفە زۇننۇرەين ئوسمان ئىبنى ئەففان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆلتۈرۈلدى، ئىمام ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دەۋرىدىكى فىتنەلەرنىڭ ئىشىكى ئېچىلدى، ئىسلام سىياسىتىدىكى يىلتىزلىق ئىختىلاپلار پەيدا بولدى ۋە ئۇ ھەقتە خىلمۇخىل ئاۋارىچىلىقلار ئوتتۇرىغا چىقتى.

بۇ فىتنەلەرنىڭ سايىسىدا شىئە مەزھەبى ئۈنۈپ چىقتى. لېكىن، شىئەلەر ۋە ئۇلاردىن باشقىلار: «شىئەلىكنىڭ يىلتىزى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋاپات بولغان ۋاقتىغىچە سوزۇلىدۇ» دەيدۇ.

ئىمام ئەلى — كەررەمەللاھۇ ۋەجھەھۇ — نىڭ دەۋرىدە داۋاملاشقان بۇ فىتنەلەرنىڭ تەسىرىدە يەنە خاۋارىج مەزھەبى پەيدا بولدى.

ئۈچىنچى خەلىفەنىڭ دەۋرى شىئە ۋە خاۋارىجنىڭ مەۋجۇد بولۇشى بىلەن ئاياغلاشقان بولسا — ھالبۇكى بۇ ئىككىسى بىر – بىرىگە زىت مەزھەبلەردۇر، ئىنشائاللاھ كېيىنكى بايانلىرىمىزدىن ئايدىڭ بولىدۇ — ئۇ ئىككىسى ئوتتۇرىسىدا، تارىخ «ئەھلىسۈننەت» ياكى «جامائەت» دەپ ئاتىغان ئوتتۇراھاللار مەۋجۇد بولدى.

 

ئىسلام مەزھەبلىرى تارىخى/ تاريخ المذاهب الإسلامية؛ ئىمام مۇھەممەد ئەبۇ زەھرە؛ مۇھەممەد قاۋۇل قاراخانىي تەرجىمىسى؛ ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى


1. ئىبنى خەلدۇن: «تارىخۇ ئىبنى خەلدۇن»، 1/238، 239، دارۇلفىكر، بېيرۇت، ھ. 1401/م. 1981.
2. خۇلەفائى راشىدىن (الْخُلَفَاءُ الرَّاشِدُونَ): ئەرەبچىدە: «خۇلەفاﺋ: خەلىفەلەر، راشىدۇن: توغرا يولدا ماڭغۇچىلار» دېگەن مەنىدە بولۇپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسلىرىدە كەلگەن بۇ ئاتالغۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن كېيىن ھ. 11 – 40/م. 632 – 661 – يىللار ئارىسى ئىسلام دۆلىتىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئەبۇبەكرى سىددىق، ئۆمەر فارۇق، ئوسمان زۇننۇرەين، ئەلى مۇرتەزا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇم قاتارلىق تۆت خەلىفە «چاھاريار (تۆر ساھابە)»گە قوللىنىلىدۇ. بۇ زاتلار ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئۇلىنى مۇستەھكەملەش، شۇرا (كېڭەش) بىلەن ھۆكۈم قىلىش، ھوقۇقنى ئۆزئارا قولاي شەكىلدە ئالماشتۇرۇش ۋە ئادالەتنى بەرپا قىلىش ۋە ئەمەلدارلاردىن ھېساب ئېلىش قاتارلىقلاردا توغرا يولدا ماڭغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغان. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 610 – بەت.

3. ھەد (الْحَدُّ): ئەرەبچىدە «توسماق، چەكلىمەك، مەنئ‍ قىلماق» مەنىسىدىكى سۆز بولۇپ، ئاللاھ ھارام قىلغان ئىشلار «ھۇدۇدۇللاھ (ئاللاھنىڭ توسۇقلىرى، چەكلىمىلىرى)» دەپ ئاتىلىدۇ. شەرىئەت ئىستىلاھىدا: «دىن، نەسەب، مال – مۈلك، ئەقىل ۋە ئىپپەت – نومۇسنى قوغداش ئۈچۈن تۈرلۈك جىنايەتلەرگە قارىتا قامچىلاش، قول كېسىش، تاشبوران (چالما – كېسەك) ۋەياكى ئۆلۈم جازاسىغا ئوخشاش چېكى بېكىتىۋېتىلگەن ئېغىر جازا»دىن ئىبارەت. مەنتىق (لوگىكا) ئىلمىدە: «بىر شەيئىنىڭ ماھىيىتىنى بايان قىلغۇچى تەرىپ»تۇر. بۇ تەرىپ باشقا شەيئىلەرنىڭ ئۇ شەيئىنىڭ ماھىيىتى بىلەن ئورتاق بولۇشىنى چەكلەيدىغان بولغاچقا، شۇنداق ئاتالغان. ھەد ئادەتتە تام (تولۇق) ۋە ناقىس (قىسمەن) دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. كۆپلۈكى ھۇدۇد (الحُدُوْدُ) دۇر. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 506 – بەت؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 17/139.

4. نىسبەت بەرمەك (اَلنِّسْبَةُ): مەنسۇپ قىلماق، باغلىماق. ئىككى نەرسە ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشنى مۇئەييەنلەشتۈرمەك. قاراڭ: جۇرجانىي: «ئەتتەئرىفات»، 308 – بەت؛ خەمىت تۆمۈر، ئابدۇررەئۇپ پولات: «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، 1/658، م. 2016.
5. ئىبنى ھەزم: «ئەلفەسلۇ فىلمىلەل»، 4/72.
6. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (7144)؛ مۇسلىم (1839). ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەتى.
7. ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىنتايىن زاھىد، قانائەتچان، ھەقنى سۆزلەشتە ھېچكىمدىن قورقمايدىغان زات ئىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن خەلىفە ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەۋرىدە مۇسۇلمانلار قولىدا مال – دۇنيا ئاۋۇپ، مەدىنەدە ئۆي – ماكان سېلىش ئەۋجىگە چىقىپ، سەلئى تېغىغا قەدەر كېڭىيىپ كەتكەندە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۇنىڭغا: «ئۆي – ماكان سېلىش سەلئى تېغىغا يەتكەندە شامغا چىقىپ كەتكىن» دېگەن (بەيھەقىي: «دەلائىلۇننۇبۇۋۋە»، 6/401) سۆزىگە بىنائەن شامغا چىقىپ كەتكەن. شامغا بارغاندىمۇ ئۆزىنىڭ مال – دۇنيا توپلىماسلىق ھەققىدىكى قارىشىنى تەشۋىق قىلغان ۋە شۇ چاغدىكى شامنىڭ ئەمىرى مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿ئالتۇن – كۈمۈش يىغىپ، ئۇنى ئاللاھنىڭ يولىدا سەرپ قىلمايدىغانلارغا ئەلەملىك ئازاب بىلەن بېشارەت بەرگىن. ئۇ كۈندە ئۇ بايلىقلار جەھەننەمنىڭ ئوتىدا قىزىتىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ پېشانىلىرى، يانلىرى ۋە دۈمبىلىرى داغلىنىدۇ. ئۇلارغا: ‹بۇ سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلار ئۈچۈن يىغقان بايلىقىڭلار، يىغقان بايلىقىڭلارنىڭ ۋابالىنى تېتىڭلار› دېيىلىدۇ﴾(9/«تەۋبە»: 34، 35) دېگەن ئايەتلىرىنىڭ تەفسىرى ھەققىدە مۇنازىرىلىشىپ قالغان. ئۇ مەزكۇر ئايەتلەرنى ئۆز ئىجتىھادى بىلەن ئومۇم مەنىسىدە چۈشىنىپ «بۇ ئايەتلەر ئەھلى كىتابنىڭ، ھەم بىزنىڭ ھەققىمىزدە نازىل بولغان. زاكىتىنى بېرىپ تۇرغان ئەھۋالدىمۇ مال – دۇنيا يىغىش توغرا ئەمەس» دەپ پۈتۈن ساھابە كىراملەردىن باشقىچە تەفسىرلىگەن. ھەزرىتى مۇئاۋىيە ئايەتلەرنىڭ سىياقىغا قاراپ: «ئۇ ئايەتلەر ئەھلى كىتاب ھەققىدىلا نازىل بولغان» دېگەن. ئاندىن مال – دۇنيا يىغىش مەسىلىسىدە «ئۇ ئايەتلەرنى بىزنىڭ ھەققىمىزدىمۇ نازىل بولغان» دېگەن تەقدىردىمۇ، خەلىفە ۋە بارلىق ساھابە كىراملەر: «بەش ئۇقىييەدىن ئاز كۈمۈشتە زاكات يوق. بەش تۆگىدىن ئاز مالدا زاكات يوق، بەش ۋەسقتىن ئاز ھوسۇلدا زاكات يوق» دېگەن سۆزىگە ئاساسەن «ئۇ مىقداردىن ئاز مال – مۈلۈك شۇنداقلا ئۇنىڭدىن كۆپ مال – مۈلۈك زاكىتى بېرىلگەنلا بولسا، مال – دۇنيا يىغىش خاتا بولمايدۇ، ئاللاھ تائالا زاكىتىنى ئادا قىلغانلارنى مەدھىيەلىگەن، مال – مۈلكى ھەققىدە مەدھىيەلەنگەنلەر مەدھىيەگە ئالاقىدار بولغان مال – مۈلكى سەۋەبىدىن ئەيىبلەنمەيدۇ» دەپ قارىغان. ئىمام بۇخارىيمۇ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ مەزكۇر ئايەتلەرنى: «كىمكى ئالتۇن – كۈمۈش يىغىپ، زاكىتىنى بەرمىگەن بولسا، ئۇنداق ئادەمنىڭ ھالىغا ۋاي! دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ ھۆكۈم زاكات ئايەتى چۈشۈشتىن ئىلگىرى شۇنداق ئىدى، زاكات ئايەتى چۈشكەندىن كېيىن، ئاللاھ زاكاتنى مال – مۈلۈكنى پاكلايدىغان ئامىل قىلدى» دەپ شۇنداق چۈشەندۈرگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان(بۇخارىي، 1404). بەلكىم، ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قاتتىق چىڭ مەزمۇندىكى ھەدىسلەرنى ئاڭلاپ، ئازادىچىلىك بېرىلگەن ھەدىسلەردىن بىخەۋەر قالغان ۋە ئايەتنى شۇ ئاساستا تەفسىرلىگەن بولۇشى مۇمكىن. قانداقلا بولمىسۇن، مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭ تەركىدۇنيالىققا ياتىدىغان بەكلا قاتتىق ۋە چىڭ قاراشلىرىنىڭ جەمئىيەتكە ۋە ئەسكەرلەرگە بولغان تەسىرىدىن ھەم دۆلەتنىڭ ھەر يانلىرىدا توپىلاڭغا باھانە ئىزدەۋاتقان خاۋارىج مىجەز توپلارغا باھانە بولۇشىدىن ئەنسىرەپ، خەلىفە ئوسمانغا شىكايەت قىلغان. خەلىفە ئۇنى مەدىنەگە چاقىرتىپ ئەكەلگەن ۋە مەدىنە ئاھالىسىمۇ ئەتراپىغا ئولىشىپ ئۇنىڭدىن تولا گەپ سوراپ ئۇنى بىئارام قىلغان ھەم غۇلغۇلا پەيدا قىلغان. ئۇ ئۆز رەيىدە چىڭ تۇرغان بولسىمۇ، خەلىفە ئۇنىڭ چۈشىنىشىنى ھۆرمەتلەپ، ئۇنى رەيىدىن يېنىشقا زورلىمىغان ھەم رەبەزەگە پالىمىغان. لېكىن، ئۇنىڭ تەلىپىگە بىنائەن رەبەزەدە تۇرۇشىغا ئىجازەت بەرگەن. ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ، مەزكۇر ھەدىستە ئىپادىلىگىنىدەك، خەلىفەگە تولۇق ئىتائەت قىلىپ، رەبەزە دېگەن جايدا يالغۇز ياشاپ، (ھ. 30 – يىلى) رەبەزەدە تۈگەپ كەتكەن. قاراڭ: ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 3/274، 275؛ ئىمام ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 8/262، 263.
8. تەبەرىي: «تارىخۇ تەبەرىي»، 4/362، دارۇل مەئارىف، قاھىرە، ھ. 1387/م. 1967.
9. تەبەرىي: «تارىخۇ تەبەرىي»، 4/360.
10. ئىبنى قۇتەيبە: «ئىمامەت ۋە سىياسەت (الإمامة والسياسة)»، 35 – بەت، دارۇل كۇتۇبىل ئىلمىييە، بېيرۇت، م. 1997.
11. ئايەتتىكى «مَعَادٍ» (قايتىدىغان يەر) دىن مەقسەت مەككەدۇر، يەنى ئاللاھنىڭ رەسۇلۇللاھنى مەدىنەگە ھىجرەت قىلغىنىدىن كېيىن مەككەگە قايتۇرىدىغانلىقى مەقسەت قىلىنغان. بۇ زىندىق بۇنى رەسۇلۇللاھنىڭ ئۆلگىنىدىن كېيىن دۇنياغا قايتىپ كېلىشى دەپ چۈشەندۈرگەن.
12. بۇ يەردە «ۋەسىي»دىن: «ئۆزىگە قىلىنغان ۋەسىيەتنى ئۈستىگە ئالغان كىشى» كۆزدە تۇتۇلغان.
13. تەبەرىي: «تارىخۇ تەبەرىي»، 4/340.

Please follow and like us: