جەھەننەم ھەققىدە
(ئاللاھ بىزنى جەھەننەمدىن ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي)
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىز مەلۇم بىر كۈنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قېشىدىكى چاغدا قاتتىق بىر ئاۋازنى ئاڭلىدۇق. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— بۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟ — دېگەنىدى، بىز:
— ئاللاھ تائالا ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسى ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر، — دېدۇق. رەسۇلۇللاھ:
— بۇ بولسا جەھەننەمگە تاشلانغىلى 70 يىل بولغان تاشتۇر. ئۇ تاش ھازىر جەھەننەمنىڭ تېگىگە يەتتى، — دېدى»(1). مۇسلىم رىۋايىتى.
«سەھىھەين»دە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— سىلەركىم ئادەم بالىلىرى يېقىۋاتقان بۇ ئوت جەھەننەم ئوتىنىڭ 70 دىن بىر پارچىسىدۇر، —— دېگەنىدى، ساھابەلەر:
— ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى! بۇ ئوتمۇ كۆيدۈرۈپ تاشلاشقا يېتەرلىكقۇ، ئى رەسۇلۇللاھ! — دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— جەھەننەمنىڭ ئوتى دۇنيادىكى ئوتتىن 69 پارچە ئارتۇق قىلىندى. ھەربىر پارچىنىڭ تەپتى دۇنيادىكى ئوتنىڭ تەپتىگە باراۋەردۇر، — دېدى»(2).
ئىمام مۇسلىم ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «قىيامەت كۈنى جەھەننەم كەلتۈرۈلىدۇ، ئۇنىڭ 70 مىڭ يۈگىنى بولىدۇ، ھەربىر يۈگەننى 70 مىڭ پەرىشتە سۆرەيدۇ»([3]).^
ئەبۇددەرداﺋ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «دوزاخ ئەھلىگە ئاچلىق تاشلىنىدۇ، ئاچلىق ئۇلارنىڭ نەزەرىدە ئۇلار تارتىۋاتقان ئازابقا باراۋەر كېلىدۇ. ئاندىن ئۇلار تاماق تىلەيدۇ، ئۇلارغا ﴿ئادەمنى سەمرىتمەيدىغان، ئاچلىقنى باسمايدىغان زەرىدىن (بەتبۇي ئاچچىق تىكەندىن)﴾(88/«غاشىيە»: 6، 7) تاماق بېرىلىدۇ. ئۇلار يەنە تاماق تەلەپ قىلسا، ئۇلارغا ﴿گالغا تۇرۇپ قالىدىغان تاماق﴾(73/«مۇززەممىل»: 13) بېرىلىدۇ. ئۇلار گالغا تۇرۇپ قالغان نەرسىنى دۇنيادا سۇ بىلەن گالدىن ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئەسلەيدۇ. ئاندىن ئۇلار ئىچىملىك تىلەيدۇ. ئۇلارغا قايناپ چېكىگە يەتكەن قىزىق سۇ بېرىلىدۇ. قايناقسۇ ئۇلارغا تۆمۈر قارماقلارغا ئېسىلىپ ئېلىپ كېلىنىدۇ. قايناقسۇ ئۇلارغا يېقىن كەلتۈرۈلسە، ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنىڭ تېرىلىرىنى پىشۇرۇۋېتىدۇ، قايناقسۇ ئۇلارنىڭ قورساقلىرىغا كىرسە، ئۇلارنىڭ ئىچ باغرىنى پارە – پارە قىلىۋېتىدۇ. ئاندىن ئۇلار جەھەننەمگە مۇئەككەل پەرىشتىلەرگە: ﴿رەببىڭلارغا دۇئا قىلىڭلار، بىر كۈن بولسىمۇ بىزدىن ئازابنى يەڭگىللەشتۈرسۇن﴾(40/«غافىر»: 49) دەپ كېتىدۇ.
جەھەننەمگە مۇئەككەل پەرىشتىلەر ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ﴿پەيغەمبىرىڭلار سىلەرگە روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلمىگەنمىدى؟» دەيدۇ. ئۇلار (يەنى كۇففارلار): «ھەئە، ئېلىپ كەلگەن ئىدى» دەيدۇ. ئۇلار (يەنى پەرىشتىلەر): «سىلەر دۇئا قىلىڭلار، (لېكىن) كافىرلارنىڭ دۇئاسى پايدىسىزدۇر» دەيدۇ﴾(40/«غافىر»: 50). ئاندىن ئۇلار مالىكتىن سوراڭلار دەيدۇ. ئۇلار: ﴿ئى مالىك! پەرۋەردىگارىڭ بىزگە ئۆلۈم ھۆكۈم قىلسۇن﴾(43/«زۇخرۇف»: 77) دەپ توۋلايدۇ. مالىك: ﴿سىلەر ئازابتا چوقۇم قالىسىلەر﴾(43/«زۇخرۇف»: 77) دەيدۇ. ئاندىن ئۇلار: ﴿پەرۋەردىگارىمىز! بىزنى دوزاختىن چىقارغىن (ئاندىن دۇنياغا قايتۇرغىن)، ئەگەر بىز (شۇنىڭدىن كېيىن) يەنە گۇناھ قىلساق، بىز ھەقىقەتەن زالىم بولۇپ قالىمىز﴾(23/«مۇئمىنۇن»: 107) دەيدۇ. ئاندىن ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە: ﴿جەھەننەمدە خار ھالدا قېلىڭلار، (ئۈستۈڭلاردىن ئازابنىڭ كۆتۈرۈلۈپ كېتىشى ھەققىدە) ماڭا سۆز ئاچماڭلار﴾(23/«مۇئمىن»: 108) دەيدۇ. شۇ ۋاقىتتا ئۇلار بارلىق ياخشىلىقتىن ئۈمىدىنى ئۈزىدۇ. ئەنە شۇ چاغدا، داد ـ پەرياد ۋە ھەسرەت ـ نادامەت بىلەن جەھەننەمدە ئازاب تارتىدۇ»(4).
جەھەننەمنىڭ يىلانلىرى ۋە چايانلىرى ھەققىدە ئويلانغىن!
بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «جەھەننەمنىڭ يىلانلىرى بوينى ئۇزۇن تۆگىلەرنىڭ بويۇنلىرىغا ئوخشايدۇ، چايانلىرى بولسا ئۈستىگە توقۇم قويۇلغان قېچىرلارغا ئوخشايدۇ»(5).
ھەسەن ئەلبەسرىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «دوزاخ ئۇلارنى 70 مىڭ قېتىم يەيدۇ، ئاندىن ئۇلار ئەسلىدىكى ھالىتىگە قايتىدۇ».
شۇنى بىلگىنكى، جەھەننەمنىڭ سۈپىتى بەك كۆپتۇر. جەھەننەم ھەققىدىكى ئەڭ ئاز سۈپەتمۇ ئىنساننى قورقۇتۇشقا يېتەرلىكتۇر. ئەگەر سەن بۇنىڭغا ئىشەنسەڭ، ئۆزۈڭگە دىققەت قىلغىن! ئالدىڭدىكى ئىشلاردىن قورققىن! چۈنكى، ئاللاھ بىر بەندىگە ئىككى قورقۇنچنى تەڭ بەرمەيدۇ. بىز قورقۇشتىن يۇمشاق قەلب ئاياللاردەك بىر مەھەل يىغلاپ قويۇپ، ئاندىن ئەمەل قىلىشنى تاشلاپ قويىدىغان قورقۇشنى كۆزدە تۇتمايمىز. بەلكى گۇناھ – مەئسىيەتلەردىن توسىدىغان، تائەت – ئىبادەت قىلىشقا قىزىقتۇرىدىغان قورقۇشنى كۆزدە تۇتىمىز. قورقۇنچلۇق ئەھۋاللارنى ئاڭلاش بىلەن كۇپايىلىنىپ، ئاللاھ تائالادىن ياردەم سورايمىز، ئاللاھ تائالاغا سىغىنىمىز، «رەببىم سالامەت قىلغىن» دەپ قويۇپ، قەبىھ ئىشلارنى قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغان كىشىلەر بولسا ئەخمەقلەرنىڭ قورقۇشىدا قورقىدىغان كىشىلەردۇر. بىر قورغاننىڭ يېنىدا تۇرسا، يېنىغا يىرتقۇچ ھايۋان كەلسە: «ئاللاھ تائالاغا سىغىنىپ بۇنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن» دەپ قويۇپ ئورنىدىن قوزغالماي ۋە قورغانغا كىرىۋالماي تۇرىۋېرىدىغان كىشىنى ھەممە كىشى مەسخىرە قىلغاندەك، شەيتانمۇ ئۇنداق ئەخمەقلەرنى مەسخىرە قىلىدۇ.
پەسىل
دۇنيادا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ياخشى كۆرگۈچى بولغىن! ئۇنىڭ سۈننىتىنى ئۇلۇغلاشقا ھېرىسمەن بولغىن! شۇنداق قىلساڭ، رەسۇلۇللاھ ساڭا ئاخىرەتتە شاپائەت قىلىدۇ. ئۇ زات بارلىق پەيغەمبەرلەردىن بۇرۇن شاپائەت قىلىدۇ. چوڭ گۇناھلارنى قىلغان كىشىلەرگە ئۇ شاپائەت قىلىدۇ. ئاندىن ئاللاھ تائالا ئۇلارنى دوزاختىن قۇتقۇزىدۇ. سالىھ دوستلارنى كۆپ تۇتقىن! چۈنكى، قىيامەت كۈنى ھەرقانداق مۇئمىننىڭ شاپائەت قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ. سېنىڭ غۇرۇرۇڭ سېنى ياخشى دوستلارنى كۆپ تۇتۇشتىن چەكلىمىسۇن! بۇنىڭغا «ئۈمىد» دېيىلىدۇ. شەكسىزكى، بىر ئادەم بىرنەرسىنى ئۈمىد قىلسا، ئۇنى تەلەپ قىلىدۇ.
زۇلۇم قىلىشتىن ساقلانغىن. چۈنكى، بىر كىشى زۇلۇم قىلسا ۋە مەزلۇمدىن رازىلىق تىلەشتىن ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتسە، زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلار قىيامەت كۈنى ئۇ زالىمنى قورشىۋالىدۇ. زۇلۇمغا ئۇچرىغانلاردىن بىرى: «بۇ زالىم ماڭا زۇلۇم قىلغان ئىدى» دەيدۇ. يەنە بىرى: «ئۇ مېنى مەسخىرە قىلغان ئىدى» دەيدۇ. يەنە بىرى: «بۇ زالىم يامان قوشنا ئىدى» دەيدۇ. يەنە بىرى: «بۇ مېنى ئالدىغان ئىدى» دەيدۇ. سەن ئۇلارنىڭ قوللىرىدىن قۇتۇلالمايسەن.
ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «قىيامەت كۈنى مۇئمىنلەر جەھەننەمدىن قۇتۇلىدۇ. ئاندىن ئۇلار جەننەت ۋە جەھەننەم ئارىسىدىكى بىر كۆۋرۈك ئۈستىدە توختىتىلىپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولغان زۇلۇملارغا بەزىسىگە بەزىسىدىن قىساس ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئۇلار تازىلىنىپ، پاكلانغاندىن كېيىن جەننەتكە كىرىشكە رۇخسەت قىلىنىدۇ»(6).
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— سىلەر كىمنىڭ ۋەيران بولغۇچى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟ — دەپ سورىغاندا، ساھابەلەر:
— ۋەيران بولغۇچى دېگەن بىزنىڭ ئىچىمىزدىكى پۇلى يوق ۋە مېلى يوق ئادەمدۇر، — دېدى. رەسۇلۇللاھ:
— ھەقىقەتەن ۋەيران بولغۇچى دېگەن مېنىڭ ئۈممىتىمدىن قىيامەت كۈنى ناماز، روزا ۋە زاكات قاتارلىق ئەمەللەر بىلەن ھازىر بولغان، لېكىن بىرسىنى تىللىغان، يەنە بىرسىگە بوھتان چاپلىغان، بۇنىڭ مېلىنى يەۋالغان، ئۇنىڭ قېنىنى ناھەق تۆككەن، يەنە بىراۋنى ئۇرغان بولۇپ (قىساسى ياكى تۆلەم ئۈچۈن) ياخشىلىقلىرىدىن ئۇنىڭغا بېرىپ، بۇنىڭغا بېرىپ، ياخشىلىقلىرى تۈگەپ كەتكەندە، باشقىلارنىڭ گۇناھلىرىنى ئۆزىگە يۈكلىۋالغان، شۇنىڭ بىلەن دوزاخقا تاشلانغان كىشىدۇر، — دېدى»(7).
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «قىيامەت كۈنى ھەقلەر ئۆز ئىگىلىرىگە قايتۇرۇلىدۇ، ھەتتاكى مۈڭگۈزسىز قويغىمۇ مۈڭگۈزلۈك قويدىن قىساس ئېلىپ بېرىلىدۇ» دېگەن(8). بۇ ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسى «سەھىھ»لەردە كەلگەندۇر. ئاللاھ تائالا سېنى ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلسۇن.
قارىغىنكى، رىياكارلىق ۋە غەيۋەتخورلۇقتەك ئەمەلنى يوققا چىقارغۇچى يامان ئەمەللەر ياخشى ئەمەللەر ئىچىگە كىرىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ياخشى ئەمەللەرنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا ساقلىنىپ قېلىشى ناتايىندۇر. ئەگەر ياخشى ئەمەللەر ساقلانغان تەقدىردىمۇ ئۇ بوزەك قىلىنغۇچىلارغا ئېلىپ بېرىلىدۇ. شۇڭا، نەپسىڭگە بەك سەگەك بولغىن! ۋاقىتلىرىڭنى بىھۇدە ئۆتكۈزمىگىن! چۈنكى، ۋاقىتلىق لەززەتنى ئارتۇق بىلىپ، دائىملىق ئازابنى سېتىۋالغان كىشى ئەڭ بىچارە كىشىدۇر.
ئاللاھتىن يامان ئەمەللەردىن ساقلاپ قېلىشىنى، ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلىشىنى سورايمىز.
جەننەتنىڭ سۈپەتلىرى
(ئۇلۇغ ئاللاھتىن ئۇ زاتنىڭ جەننىتىگە كىرگۈزۈشىنى سورايمىز)
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بىزلەر:
— ئى رەسۇلۇللاھ! بىزگە جەننەت توغرۇلۇق سۆزلەپ بەرسىلە! ئۇنىڭ بىناسى قانداق؟ — دېگەنىدۇق، رەسۇلۇللاھ:
— جەننەت بىناسىنىڭ بىر كېسىكى ئالتۇندىن ۋە بىر كېسىكى كۈمۈشتىندۇر. ئۇلارنىڭ ئارىلىقىغا مىسك – ئەنبەردىنمۇ پۇراقلىق لاي قويۇلغاندۇر. جەننەتنىڭ شېغىل تاشلىرى مەرۋايىت ۋە ياقۇتتۇر. تۇپرىقى زەپىراندۇر. ئۇنىڭغا كىرگەن كىشى نېئمەتكە چۆمىدۇ، يوقسۇل بولۇپ قالمايدۇ، مەڭگۈ تىرىك تۇرىدۇ، ئۆلمەيدۇ، كىيىمى كونىرىمايدۇ ۋە ياشلىقى يوقالمايدۇ، — دېدى(9).
ئۇسامە ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر كۈنى جەننەتنى تىلغا ئېلىپ:
— جەننەتكە تىرىشچانلىق قىلغۇچى بارمۇ؟ كەئبىنىڭ پەرۋەردىگارى بىلەن قەسەمكى! جەننەتتە تەۋرىنىپ تۇرىدىغان لالە – رەيھانلار، كۆز قاماشتۇرغۇچى نۇرلار، توختاۋسىز ئېقىپ تۇرىدىغان ئۆستەڭلەر ۋە ئۆلۈپ قالمايدىغان ئاياللار بار. جەننەت ئەھلى خۇشاللىق ۋە نېئمەت ئىچىدە بولىدۇ، جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ، — دېگەنىدى، ساھابەلەر:
— ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! بىز جەننەتكە تىرىشچانلىق قىلغۇچىلارمىز، — دېدى. رەسۇلۇللاھ:
— ‹ئاللاھ خاھلىسا› دەڭلار! — دېدى»(10).
«سەھىھەين»دە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا: ‹مەن سالىھ بەندىلىرىم ئۈچۈن ھېچبىر كۆز كۆرمىگەن، ھېچبىر قۇلاق ئاڭلىمىغان ۋە ھېچبىر ئىنساننىڭ كۆڭلىگە كېلىپ باقمىغان نەرسىلەرنى تەييارلاپ ساقلاپ قويدۇم› دەيدۇ»(11).
«سەھىھەين»دىكى يەنە بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «جەننەتكە كىرىدىغان تۇنجى جامائەتنىڭ سۈرىتى ئون تۆت كۈنلۈك تولۇن ئاينىڭ سۈرىتىدە بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن كىرىدىغانلارنىڭ چىرايى ئاسماندىكى ئەڭ نۇرانە يۇلتۇزدەك گۈزەل بولىدۇ، ئۇلار جەننەتتە چوڭ – كىچىك تەرەت قىلىشمايدۇ، تۈكۈرۈشمەيدۇ، بۇرنىنى تاشلاشمايدۇ. تارغاقلىرى ئالتۇندىن، تەرلىرى مىشكى – ئەنبەر، ئىسرىقدانلىرىدا يېقىلىدىغان ئىسرىق خۇشبۇي ئۇد ھىندى بولىدۇ. خوتۇنلىرى گۈزەل ھۆرلەردىن بولىدۇ، ئۇلارنىڭ يارىتىلىشى ئاتىلىرى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈرىتىدە بىرخىل قىياپەتتە، قامىتى ئاتمىش گەز بولىدۇ»(12). يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ گۈزەللىكىدىن پاچاقلىرىنىڭ يىلىكى سىرتىدىن كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان ئىككىدىن ئايالى بولىدۇ. ئەھلى جەننەت ئارىسىدا ئىختىلاپ، ئۆچ- ئاداۋەت دېگەن نەرسە بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ دىللىرى بىر ئادەمنىڭ دىلىدەك بولىدۇ. ئۇلار ئەتىگەن ـ ئاخشامدا ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىپ تۇرۇشىدۇ» دېيىلگەن(13).
«سەھىھەين»دە ئەبۇ مۇسا ئەلئەشئەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەيدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئىككى جەننەت باردۇر، ئۇلارنىڭ قاچا – قۇچا ۋە پۈتۈن بىساتلىرى كۈمۈشتىندۇر. يەنە ئىككى جەننەت بار بولۇپ، قاچا – قۇچا ۋە پۈتۈن بىساتلىرى ئالتۇندىندۇر. جەننەت ئەھلى بىلەن پەرۋەردىگارىنىڭ ئارىسىدا ئەدن جەننىتىدە ئاللاھ تائالانىڭ يۈزىدىكى بۈيۈكلۈك تونى بولىدۇ»(14).
يەنە ئەبۇ مۇسا ئەلئەشئەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن جەننەتتە ئىچى كاۋاك گۆھەردىن بولغان بىر چېدىر بار. ئۇنىڭ كەڭلىكى 60 مىل، ئۇنىڭ ھەر بۇلۇڭىدا بىر – بىرىنى كۆرمەيدىغان ئەھلى بولۇپ، مۇئمىن ئۇلارنى ئايلىنىپ تۇرىدۇ»([15]).^
بىلگىنكى، جەننەتنىڭ نېئمەتلىرى «قۇرئان كەرىم»دە خېلى كۆپ ئورۇندا ناھايىتى كەڭ بايان قىلىنغاندۇر. ئاللاھ تائالا ئۇ نېئمەتلەرنى بىرنەچچە ئايەتلەردە جەملىگەندۇر. شۇ ئايەتلەر قاتارىدىن ئاللاھ تائالا: ﴿جەننەتتە كۆڭۈللەر تارتىدىغان، كۆزلەر لەززەتلىنىدىغان نەرسىلەر باردۇر، سىلەر جەننەتتە مەڭگۈ قالىسىلەر﴾(43/«زۇخرۇف»: 71)، ﴿ئۇلار فىردەۋس جەننەتلىرىدە مەڭگۈ قالىدۇ، ئۇنىڭدىن يۆتكىلىشنى خاھلىمايدۇ﴾(18/«كەھف»: 108) دېگەن. ئاللاھ تائالا بۇنىڭغا قوشۇپ: ﴿ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە مۇكاپات يۈزىسىدىن ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ساقلانغان ۋە ئۇلارنى خۇشال قىلىدىغان كاتتا نېئمەتنى ھېچكىم بىلمەيدۇ﴾(32/«سەجدە»: 17) دەيدۇ.
جەننەتنىڭ سۈپەتلىرى ھەققىدىكى ئايەت ۋە ھەدىسلەر ناھايىتى كۆپتۇر. بىز يۇقىرىقى ئايەت ۋە ھەدىسلەرنى كەلتۈرۈش بىلەن كۇپايىلىنىمىز.
جەننەتتە ئېرىشىلىدىغان ئەڭ ئەۋزەل نېئمەت ئاللاھ تائالانى كۆرۈشتۇر.
«سەھىھەين»دە رىۋايەت قىلىنغان، ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىدە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە:
— ئى رەسۇلۇللاھ! بىز قىيامەت كۈنى رەببىمىزنى كۆرەلەمدۇق؟ — دېيىلگەنىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا:
— بۇلۇتسىز ئايدىڭ كېچىدە تولۇن ئاينى كۆرۈشتىن شەك قىلامسىلەر؟ — دېدى. ئۇلار:
— ياق، ئى رەسۇلۇللاھ! ـ دېيىشتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— بۇلۇتسىز بىر كۈندە قۇياشنى كۆرۈشتىن شەك قىلامسىلەر؟ — دېگەنىدى، ئۇلار يەنە:
— ياق، — دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— خۇددى شۇنىڭدەك، ئەلبەتتە ئۇ زاتنى كۆرىسىلەر، — دېدى(16).
باب: ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىنىڭ كەڭ ئىكەنلىكى توغرىسىدا
بىز ئۇشبۇ كىتابنى ئاللاھ ئەززە ۋەجەللەنىڭ رەھمىتىنىڭ كەڭلىكىنى بايان قىلىش بىلەن ئاخىرلاشتۇرماقچىمىزكى، بۇ ئارقىلىق بىز ئاللاھ تائالانىڭ پەزلىنى ئۈمىد قىلىمىز. چۈنكى، بىزنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ئەۋفىنى ئۈمىد قىلغۇدەك ئەمەللىرىمىز يوقتۇر. بىز ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتى ۋە كەرەمى يۈزىدىن بىزنى ئەپۇ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئاللاھ تائالا: ﴿(ئى مۇھەممەد! مېنىڭ تىلىمدىن) ئېيتقىنكى، «(گۇناھلارنى قىلىۋېرىپ) ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغان بەندىلىرىم! ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن (خاھلىغان ئادەمنىڭ) جىمى گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر﴾(39/«زۇمەر»: 53) دەيدۇ.
«سەھىھەين»دە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا مەخلۇقاتنى يارىتىپ بولۇپ، ئۆز ھۇزۇرىدا ئەرشنىڭ ئۈستىگە: ‹ھەقىقەتەن مېنىڭ رەھمىتىم غەزىپىمنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتتى› دەپ يازغاندۇر»(17).
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالانىڭ 100 رەھمىتى باردۇر. ئاللاھ تائالا ئۇلاردىن بىر رەھمەتنى ئىنسانلار، جىنلار، ھاشاراتلار ۋە ھايۋاناتلار ئارىسىغا چۈشۈردى. شۇ بىر رەھمەت بىلەن ئۇلار ئۆزئارا شەپقەت قىلىشىدۇ، ئۆزئارا رەھىم قىلىشىدۇ. شۇ بىر رەھمەت بىلەن ياۋايى ھايۋانلار ئۆز بالىلىرىغا شەپقەت قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا 99 رەھمەتنى كېچىكتۈرگەن بولۇپ، قىيامەت كۈنى ئۇ رەھمەتلەر بىلەن بەندىلىرىگە رەھىم قىلىدۇ»(18).
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ رەببىڭلار تەبارەكە ۋەتائالا شەپقەتلىكتۇر. كىمكى بىر ياخشىلىق قىلىشىنى مەقسەت قىلىپ ئۇنى قىلمىسا، ئۇنىڭغا بىر ياخشىلىق يېزىلىدۇ. ئەگەر ئۇنى قىلسا، ئۇنىڭغا 10 ھەسسىدىن 700 ھەسسىگىچە ياخشىلىق يېزىلىدۇ. كىمكى يامانلىق قىلىشنى مەقسەت قىلىپ ئۇنى قىلمىسا، ئۇنىڭغا بىر ياخشىلىق يېزىلىدۇ. ئەگەر ئۇنى قىلسا، ئۇنىڭغا بىر يامانلىق يېزىلىدۇ ياكى ئاللاھ تائالا ئۇنى ئۆچۈرىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا پەقەت شەقى كىشى ھالاك بولىدۇ»(19).
ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە مۇنداق دەيدۇ: ‹كىمكى بىر ياخشىلىق قىلسا، ئۇنىڭغا 10 باراۋىرى ياكى ئۇنىڭدىن زىيادە ئەجىر بېرىلىدۇ. كىمكى بىر يامان ئىش قىلسا، ئۇنىڭ جازاسى پەقەت بىر يامانلىقتۇر ياكى ئۇنى كەچۈرىمەن. كىمكى ماڭا بىر غېرىچ يېقىنلاشسا، مەن ئۇنىڭغا بىر گەز يېقىنلىشىمەن. كىمكى ماڭا بىر گەز يېقىنلاشسا، ئۇنىڭغا بىر غۇلاچ يېقىنلىشىمەن. كىمكى ماڭا مېڭىپ كەلسە، مەن ئۇنىڭغا يۈگۈرەپ بارىمەن›»(20).
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «بىر ئادەم گۇناھ قىلىپ قويۇپ، ‹ئى رەببىم! مەن گۇناھ قىلىپ سالدىم، مېنى مەغپىرەت قىلغىن› دەيدۇ. ئاندىن ئاللاھ تەبارەكە ۋەتائالا: ‹بەندەم گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدىغان، ئۇنى گۇناھ سەۋەبلىك جازالايدىغان پەرۋەردىگارىنىڭ بارلىقىنى بىلدى، مەن بەندەمگە مەغپىرەت قىلدىم› دەيدۇ. ئاندىن ئۇ بەندە ئاللاھ تائالا خاھلىغان مۇددەتكىچە تۇرۇپ، يەنە بىر گۇناھ قىلىپ سېلىپ: ‹ئى رەببىم! مەن گۇناھ قىلدىم، گۇناھىمنى مەغپىرەت قىلغىن› دەيدۇ. ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە: ‹بەندەم گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدىغان، ئۇنى گۇناھ سەۋەبلىك جازالايدىغان پەرۋەردىگارىنىڭ بارلىقىنى بىلدى، مەن بەندەمگە مەغپىرەت قىلدىم› دەيدۇ. ئاندىن ئۇ بەندە ئاللاھ تائالا خاھلىغان مۇددەتكىچە تۇرۇپ، كېيىن بىر گۇناھ قىلىپ سېلىپ: ‹ئى رەببىم! مەن يەنە گۇناھ قىلدىم، گۇناھىمنى مەغپىرەت قىلغىن› دەيدۇ. ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە: ‹بەندەم گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدىغان پەرۋەردىگارى بارلىقىنى بىلدى. مەن سىلەرنى گۇۋاھ قىلىمەنكى، ئۇنىڭغا مەغپىرەت قىلدىم، ئۇ خاھلىغىنىنى قىلسۇن› دەيدۇ»(21). بۇ ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسى سەھىھ ھەدىسلەردۇر.
«سەھىھەين»دە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەيدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا ئەسىرگە چۈشكەنلەر كەلتۈرۈلدى، ئەسىرلەر ئىچىدىكى بىر ئايال ئەسىرلەر ئىچىدە ئايلىنىپ بىر كىچىك بالىنى تاپتى ۋە ئۇنى باغرىغا بېسىپ ئېمىتتى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— سىلەرچە بۇ ئايال بالىسىنى ئوتقا تاشلارمۇ؟ — دېگەنىدى، بىز:
— ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى! ياق، — دېدۇق. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە بۇ ئايالنىڭ ئۆز بالىسىغا شەپقەت قىلغىنىدىنمۇ بەكرەك شەپقەت قىلىدۇ، — دېدى»(22).
«سەھىھەين»دە يەنە ئەبۇزەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— بىر بەندە ‹ئاللاھ تائالادىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوق› دەپ، شۇ گۇۋاھلىق ئۈزرە ئۆلسە، جەننەتكە كىرىدۇ، — دېگەنىدى، مەن:
— ئەگەر زىنا قىلغان بولسىمۇ، ئوغرىلىق قىلغان بولسىمۇ جەننەتكە كىرەمدۇ؟ — دېدىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— ئەگەر زىنا قىلسىمۇ ۋە ئوغرىلىق قىلسىمۇ جەننەتكە كىرىدۇ، ئەگەر زىنا قىلسىمۇ ۋە ئوغرىلىق قىلسىمۇ جەننەتكە كىرىدۇ، ئەگەر زىنا قىلسىمۇ ۋە ئوغرىلىق قىلسىمۇ جەننەتكە كىرىدۇ، — دېدى ۋە تۆتىنچى قېتىمدا: — ئەبۇ زەرنىڭ يامان كۆرگىنىگە قارىماي جەننەتكە كىرىدۇ، — دېدى(23).
ئىتبان ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ رىزالىقىنى كۆزلەپ، ‹ئاللاھ تائالادىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوق› دېگەن كىشىگە ئاللاھ تائالا دوزاخنى ھارام قىلىدۇ»(24).
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «‹ئاللاھ تائالادىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوق› دېگەن ۋە قەلبىدە ئارپىچىلىك ياخشىلىق بولغان ئادەم دوزاختىن چىقىدۇ. ئاندىن ‹ئاللاھ تائالادىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوق› دېگەن ۋە قەلبىدە بۇغدايچىلىك ياخشىلىق بولغان ئادەم دوزاختىن چىقىدۇ. ئاندىن ‹ئاللاھ تائالادىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوق› دېگەن ۋە قەلبىدە قۇناقچىلىك ياخشىلىق بولغان ئادەم دوزاختىن چىقىدۇ(25).
ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «قىيامەت كۈنى يەھۇدىي ياكى ناسارا كەلتۈرۈلۈپ، مۇئمىنگە فىدىيە قىلىپ بېرىلىدۇ ۋە: ‹بۇ سېنىڭ دوزاختىكى ئورنۇڭغا كىرىدىغان فىدىيەدۇر› دېيىلىدۇ»(26).
ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى كىشىلەرنىڭ ئالدىدا ئۈممىتىمدىن بىر كىشىنى تاللايدۇ. ئاندىن ئۇنىڭغا 99 دانە نامە – ئەمەل يېزىلغان دەپتەرنى يايىدۇ. ھەربىر دەپتەر ئۇ كىشىنىڭ كۆزى يەتكەن يەرگىچە ئۇزۇن بولىدۇ. ئاندىن ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا:
— بۇنىڭدىن بىرەر نەرسىنى ئىنكار قىلامسەن؟ يازغۇچى پەرىشتىلىرىم ساڭا زۇلۇم قىپتىمۇ؟ — دەيدۇ. ئۇ كىشى:
— ياق، ئى رەببىم! — دەيدۇ. ئاللاھ تائالا:
— سېنىڭ ئۆزرەڭ ياكى بىرەر ياخشىلىقىڭ بارمۇ؟ — دەيدۇ. ئۇ بەندە ھەيرەتتە قالدۇرۇلىدۇ. ئاندىن:
— ياق، ئى رەببىم! — دەيدۇ. ئاندىن ئاللاھ تائالا: ‹ئۇنداق ئەمەس، سېنىڭ بىزنىڭ ھۇزۇرىمىزدا ياخشىلىقىڭ بار، بۈگۈن ساڭا زۇلۇم قىلىنمايدۇ› دەيدۇ. ئاندىن ئۇنىڭغا ‹ئاللاھ تائالادىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبىرى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ بەندىسى، دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن› دېگەن خەت يېزىلغان بىر گۇۋاھنامە چىقىرىلىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭغا:
— نامە – ئەمالىڭ تارتىلىدىغان يەرگە ھازىر بول، — دەيدۇ. ئۇ بەندە:
— پەرۋەردىگارىم! بۇ دەپتەرلەر بىلەن بۇ گۇۋاھنامە تەڭمۇ؟ — دەيدۇ. ئاللاھ تائالا:
— ساڭا زۇلۇم قىلىنمايدۇ، — دەيدۇ. ئاندىن دەپتەرلەر تارازىنىڭ بىر تەرىپىگە ۋە گۇۋاھنامە تارازىنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە قويۇلىدۇ ۋە دەپتەرلەر يەڭگىل كېلىپ، گۇۋاھنامە ئېغىر كېلىدۇ. ھېچنەرسە ئېغىرلىقتا ئاللاھ ئەززە ۋەجەللەنىڭ ئىسمىنى بېسىپ كېتەلمەيدۇ»([27]).^
فۇزەيل ئىبنى ئىياز رەھىمەھۇللاھ ئەرەفات كۈنىدە كىشىلەرنىڭ يىغلاشلىرىغا ۋە تەسبىھ ئېيتىشلىرىغا قارىدى ۋە:
— ئېيتىڭلارچۇ؟ بۇ كىشىلەر بىر ئادەمنىڭ يېنىغا بېرىپ بىر دانىق (⅙ تەڭگە) پۇل سورىسا، ئۇ ئادەم ئۇلارنى قۇرۇق قول قايتۇرامدۇ؟ — دېگەنىدى، ئۇنىڭغا:
— ياق، — دېدىلەر. ئۇ:
— ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى! ئاللاھ تائالا ھۇزۇرىدىكى مەغپىرەت بىر ئادەمنىڭ ئۇلارغا بىر دانىقنى بېرىشكە رازى بولۇشىدىنمۇ بەكرەك ئاساندۇر، — دېدى.
ئىبراھىم ئىبنى ئەدھەم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «مەن قاتتىق يامغۇر ياغقان، قاراڭغۇ بىر كېچىدە كەئبىنى يالغۇز تاۋاپ قىلدىم. تاكى سەھەر ۋاقتىغىچە تاۋاپ قىلدىم، ئاندىن قولۇمنى ئاسمانغا كۆتۈرۈپ: ‹ئى ئاللاھ تائالا! مېنى سەن يامان كۆرىدىغان بارلىق ئىشلاردىن ساقلىشىڭنى سورايمەن› دېدىم. ئاندىن ئاسمان بوشلۇقىدىن مۇنداق بىر نىدانى ئاڭلىدىم: ‹سەن مەندىن گۇناھ – مەئسىيەتلەردىن ساقلاپ قېلىشىمنى سورايسەن، بارلىق مەخلۇقاتلىرىم مەندىن گۇناھ – مەئسىيەتلەردىن ساقلاپ قېلىشىمنى سورايدۇ، مەن سېنى گۇناھ – مەئسىيەتلەردىن ساقلاپ قالسام، كىمگە ئېھسان قىلىمەن؟›»
بۇ ھەدىسلەر بىز «ئۈمىد قىلىش توغرىسىدا» دېگەن بابتا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن تېمىلار بىلەن بىرگە بىزگە ئاللاھ تائالانىڭ سېخىيلىقى، رەھمىتىنىڭ كەڭرىلىكى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ مەرتلىكى بىلەن بېشارەت بېرىدۇ. ئەھۋال بۇ ئىكەن، بىز ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ بىزگە ئۆزىمىزگە لايىق رەۋىشتە مۇئامىلە قىلماستىن، بىزگە ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە ئېھسان قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئاللاھ تائالادىن ئەمەللىرىمىزگە مۇخالىپ سۆزلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلىشىنى، بىزنىڭ كىشىلەرگە ئۆزىمىزنى زىننەتلەپ كۆرسەتكەن ياسالمىلىقلىرىمىزنى، بىز مەقسەت قىلغان ھەرقانداق ئىلىم ۋە ئەمىلىمىزگە ئارىلىشىپ قالغان ئەمەللەرنى بۇزغۇچى ئىشلارنى مەغپىرەت قىلىشىنى سورايمىز. ئاللاھ تائالادىن سېخيلىقىنىڭ ھۆرمىتى بىلەن سېخىيلىق قىلىشىنى، مەرتلىكىنىڭ ھۆرمىتى بىلەن مەرتلىك قىلىشىنى سورايمىز. ئاللاھ ﴿ھەقىقەتەن يېقىندۇر، (دۇئانى) ئىجابەت قىلغۇچىدۇر﴾(11/«ھۇد»: 61) ۋە ﴿جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر﴾(6/«ئەنئام»: 45؛ 37/«ساففات»: 182). ئاللاھ تائالاغا كۆپلەپ، ياخشى، بەرىكەت بېرىلگەن، رەببىمىز ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ۋە رازى بولىدىغان ھەمدە ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا لايىق رەۋىشتە ھەمدۇسانالار بولسۇن. ئاللاھ تائالا رەھبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابەلىرىگە رەھمەت قىلسۇن، تا قىيامەت كۈنىگىچە ئۇلارغا كۆپلەپ سالام يەتكۈزسۇن، ئامىن!!!
ئىمام ئىبنى قۇدامە ئەلمەقدىسىينىڭ: «مۇختەسەرۇ مىنھاجۇل قاسىدىن» كىتابىدىن.
تەرجىـــمە قىلـــــغۇچى: ئابدۇللاھ ئابدۇلمەجىد
1. مۇسلىم (2844).
2. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (3265)؛ مۇسلىم (2843).
3. مۇسلىم (2842).
4. تىرمىزىي (2586). ئالبانىي: («زەئىفۇلجاﻣﯩﺌ»، 6444) «زەئىف» دېگەن.
5. ئەھمەد (17749). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەنەدى زەئىف» دېگەن. ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 3429) «ھەسەن» دېگەن.
6. بۇخارىي (6535).
7. مۇسلىم (2581).
8. مۇسلىم (2582).
9. ئەھمەد (8030)؛ تىرمىزىي (2526). ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى. شۇئەيب ئەلئەرنائۇت بىلەن ئالبانىي: («سەھىھۇلجاﻣﯩﺌ»، 3116) «سەھىھ» دېگەن.
10. تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، (391)؛ ئىبنى ماجە (4332). ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇززەئىفە»، 3358) «زەئىف» دېگەن.
11. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (3244)؛ مۇسلىم (2824).
12. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (3327)؛ مۇسلىم (2834). ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
13. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (3245، 3246)؛ مۇسلىم (2834). ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
14. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (7444)؛ مۇسلىم (180).
15. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (4879)؛ مۇسلىم (2838).
16. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (806)؛ مۇسلىم (182).
17. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (7422)؛ مۇسلىم (2751).
18. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6469)؛ مۇسلىم (2752).
19. ئەھمەد (2519). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەنەدى سەھىھ» دېگەن.
20. مۇسلىم (2687).
21. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (7507)؛ مۇسلىم (2758).
22. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (5999)؛ مۇسلىم (2754).
23. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (5827)؛ مۇسلىم (94).
24. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (5401)؛ مۇسلىم (33).
25. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (7410)؛ مۇسلىم (193).
26. ئەھمەد (19615)؛ تەبەرانىي («ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، (1596). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت بىلەن ئالبانىي («سەھىھۇلجاﻣﯩﺌ»، 778) «سەھىھ» دېگەن. ئىمام مۇسلىممۇ (2767) ئوخشاش مەزمۇندا رىۋايەت قىلغان.
27. ئەھمەد (6994)؛ ھاكىم (9) «سەھىھ» دېگەن، زەھەبىيمۇ بۇنى ماقۇللىغان. ئالبانىي: («سەھىھۇتتەرغىب»، 1533) «سەھىھ» دېگەن.