دادىل فەقىھ ئەللامە مۇھەممەد ئەبۇ زەھرە

ئۆتكۈر پىكىرلىك ئەللامە، مۇجتەھىد فەقىھ، شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئەھمەد ئىبنى مۇستافا ئەبۇ زەھرە ھ. 1316، 6 – زۇلقەئدە/م. 1898، 29 – مارتتا ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىگە قاراشلىق مىسىر ھىدىۋلىكىدە، بۈگۈنكى مىسىر ئەرەب جۇمھۇرىيىتى غەربىييە ئۆلكىسى مەھەللەكۇبرا شەھىرىدە تۇغۇلغان. ھ. 1331/م. 1913 – يىلى تانتادىكى ئەھمەدىي مەدرەسەسىگە كىرىپ تەربىيەلىنىپ، «قۇرئان كەرىم» يادلىغان ۋە دەسلەپكى بىلىملەردىن ساۋات ئالغان. ھ. 1334/م. 1916 – يىلى ئۆزىدىن چوڭلار بىلەن بىرگە ئىمتىھان تاپشۇرۇپ، ئەڭ ياخشى نەتىجە بىلەن غەربىييە ئۆلكىلىك شەرئىي قازىلىق مەكتىپى(1)گە ئوقۇشقا كىرگەن ۋە ھ. 1343/م. 1924 – يىلى يۇقىرى نەتىجە قازىنىپ، شەرئىي قازىلىق دوكتورى ۋە ئۇستازلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. شۇنداقلا يەنە دارۇلئۇلۇمنىڭ دىپلوم ئېتىراپنامىسىگىمۇ ئېرىشكەن.

دارۇلئۇلۇم، ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتلىرى ئاساسىي بىلىملەر (ئۇسۇلىددىن) فاكۇلتېتى، قاھىرە ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتلىرىدا شەرىئەت ۋە ئەرەب تىلى بىلىملىرى پەنلىرىدە لېكتورلۇق قىلغان. ھ. 1354/م. 1935 – يىلى شەرىئەت بۆلۈمى مۇدىرى، قانۇن فاكۇلتېتى ۋە ئىسلام تەتقىقاتى ئىنىستىتۇتىنىڭ ۋەكىلى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. ھ. 1352 – 1361/م. 1933 – 1942 – يىللىرى ئەلئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا مەزھەبلەر تارىخى، سېلىشتۇرما دىنلار تارىخى ۋە خرىستىيان دىنى تارىخى قاتارلىقلاردىن دەرس بەرگەن. ھ.‍1377/ م. 1958 – يىلى 60 يېشىدا دەم ئېلىشقا چىققان، ھ. 1382/م. 1962 – يىلى سابىق «بۈيۈك ئۆلىمالار ھەيئىتى» ئاساسىدا كېڭەيتىپ قۇرۇلغان «ئەلئەزھەر ئىسلام تەتقىقات ئاكادېمىيەسى»نىڭ ئەزالىقىغا تاللانغان. قاھىرەدىكى «ئىسلام تەتقىقات ئىنستىتۇتى»نى قۇرۇشقا قاتناشقان. ھ. 1394، 6 – زۇلقەئدە/م. 1974، 12 – ئاپرېل كۈنى 76 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.

شەيخ مۇھەممەد ئەبۇ زەھرە (ئاللاھنىڭ رەھمىتى ئۇنىڭغا بولغاي) ئىلىمگە ھېرىسمەن، دەرس ئۆتۈشكە ماھىر، يېزىقچىلىققا ئامراق ئىدى. لېكسىيە – يىغىنلاردىن قالمايتتى. ئۇ شۇ ئارتۇقچىلىقى بىلەن مىسىردىلا ئەمەس، بەلكى ئىسلام دۇنياسىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان نۇرغۇن يىغىن – قۇرۇلتاي ئەزالىرىنىڭ ئەڭ مۆتىۋەرلىرىدىن سانىلاتتى.

ھەقنى جاكارلاشتىكى باتۇرلۇقى، ئىسلامنىڭ ھۆرمىتىنى ۋە ئىسلام دەۋەتچىلىرىنى قوغداشتىكى شىجائىتى بىلەن تونۇلغان ئەبۇ زەھرە غۇرۇرلۇق، ئۆزىنى قەدىرلەيدىغان، ھەقتە چىڭ تۇرۇپ، ھەق سۆزنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويىدىغان؛ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى كۈچلۈك، ھازىرجاۋاب، ئىجادچان، يېڭىلىق يارىتىش روھىغا ئىگە، رەقىبلەر بىلەن يېتەرلىك ھۆججەت، يارقىن پاكىت بىلەن مۇجاھىدانە جەڭ قىلىدىغان، ئىسلامنىڭ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىزچىل تىرىشىدىغان پەزىلەتلىرى بىلەن مەشھۇر بولغان.

ئۇ نوقۇل ئىلىم بىلەنلا شۇغۇللىنىپ، سىياسىيونلارنىڭ رايىغا بېقىپ ئىش تۇتىدىغان بولۇمسىز ئالىملاردىن ئەمەس، بەلكى زۇلۇم – ئىستىبدات ئالدىدا ھەر زامان مەيدانى مۇستەھكەم، پوزىتسىيەسى ئېنىق زات ئىدى. ئۇ جامال ئابدۇنناسىر ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «مىسىر قرالى فارۇق دېگەن زالىم ۋەتەنپەرۋەر گېنېرال مۇھەممەد نەجىب رەھبەرلىكىدىكى قوزغىلاڭ بىلەن ئاغدۇرۇۋېتىلگەندە، خۇشاللىقىم كۆككە يەتكەن ئىدى. ‹ئادالەت ئەمەلىيلەشتى، پات – پۇرسەتتە زېمىنىمىزنى قايتۇرۇۋالىمىز، ئەركىنلىك قۇياشى يۇرتىمىزغا قايتىدىن قۇچاق ئاچىدىغان بولدى› دەپ ئويلاپتىكەنمەن. كىشىنى ھاڭ – تاڭ قالدۇرىدىغان ئىشلار تۇيۇقسىز يۈز بېرىپ، ۋەزىيەت تامامەن ئۆزگىرىپ كەتتى. ھاۋايى ھەۋەس ۋە شەخسىيەتچىلىك غالىب كېلىپ، يېڭى بىر زالىم جامال ئابدۇنناسىرنىڭ قوماندانلىقىدا قوزغىلاڭ ھەربىي ئۆزگىرىشكە ئايلىنىپ كەتتى ۋە بۇ يېڭى زالىم ئەل – يۇرتقا بۇرۇنقىدىنمۇ قاتتىق زۇلۇم سېلىشقا باشلىدى».

ئىسلام دۇنياسىدىكى تونۇلغان ئالىملار قاتارىدا قاتناشقان بىر خەلقئارالىق قۇرۇلتايدا، ساھىبخان دۆلەتنىڭ مۇتەئەسسىبلىكى، ئۆكتەملىكى بىلەن تونۇلغان، «تەسىرى» كۈچلۈك رەئىسى سۆز ئېلىپ، قۇرۇلتاي ئىشتىراكچىلىرىدىن ئۆزى ئوتتۇرىغا قويغان ئاتالمىش «يېگانە ھەقىقەت» بولمىش «ئىسلامىي سوتسىيالىزم»نى ياقىلاپ پىكىر قىلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغاندا، نۇرغۇن ئالىملار بۇرۇقتۇرۇملۇق ۋە تېڭىرقاش ئىچىدە بىر – بىرىگە قارىشىپ قالىدۇ. دەل شۇ پەيتتە شەيخ ئەبۇ زەھرە دادىللىق بىلەن سۆز تەلەپ قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن مۇنبەرگە چىقىپ مۇنداق دەيدۇ:

«شۈبھىسىزكى، بىزلەر ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانىي مەسىلىلەر ھەققىدىكى ئىلاھىي ھۆكۈملىرىنى بىلگەندەك، دۆلەت مەسىلىلىرىدىكى ھۆكمىنىمۇ بىلىدىغان ئىسلام ئالىملىرىدۇرمىز. بىز بۇ يەرگە بىلىدىغانلىرىمىزنى جاكارلاش ئۈچۈن كەلدۇق. دۆلەت رەئىسلىرى ئۆزلىرىنىڭ ھەددىنى بىلىپ، ئىلىمنى ئۆز ئىگىلىرىگە تاپشۇرغايكى، ئىلىم ئىگىلىرى ھەق سۆزنى ياڭراتسۇن. سەن ئالىملارنى ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش ئۈچۈن چاقىردىڭ، ھەرگىزمۇ ئۇلار توغرا تاپمايدىغان پىكرىڭنى جار سېلىپ ئېلان قىلىش ئۈچۈن ئەمەس. ئاللاھنىڭ شەرىئىتى ھەققىدە ئاللاھتىن قورقايلى!»

ساھىبخان دۆلەت رەئىسى چۆچۈپ كېتىدۇ ۋە شەيخكە قارشى پىكىردىكى بىرەر ئالىمنى ئىزدەپ ئەتراپقا باقىدۇ – يۇ، ئۆزىگە ھەمپىكىر ھېچكىمنى تاپالمايدۇ. باشقىلارنىڭمۇ غۇرۇرى ۋە ۋىجدانى بار – دە، ئەلبەتتە. سورۇندىكى ئالىملار ساھىبخاننىڭ ئۈمىدىنى سۇغا چىلاشتۇرۇپ شەيخ ئەبۇ زەھرەنى قوللايدۇ. بۇ ئەھۋال ئالدىدا ساھىبخان دۆلەتنىڭ رەئىسى ئۆزىگە بىر قارا بوراننىڭ يۈزلىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى بولغاي، ئۇھ تارتقانچە ئاچچىقلىنىپ چىقىپ كېتىدۇ ۋە يىغىنمۇ شۇ بىرىنچى نۆۋىتىدىلا تارقىتىۋېتىلىدۇ(2).

غەربلىكلەرنىڭ ئىدىيە – شوئارلىرى ۋە يالغان – ياۋىداقلىرىدىن تەسىرلىنىپ، گويا شاتۇتىدەك شەرقشۇناسلار ۋە مۇستەملىكىچىلەرنىڭ قۇيرۇقلىرى نېمە دېسە شۇنى دەيدىغان ۋە مۇسۇلمان خەلقلەرنى ئىسلام بايرىقى ئاستىغا ئۇيۇشتۇرۇش نىشان قىلىنغان ئىسلام بىرلىكى پىكىرلىرىگە قارشى تۇرىدىغان بىر قىسىم «مۇسۇلمانلار»نىڭ مەغلۇبىيەتلىك روھى توغرىسىدا شەيخ ئەبۇ زەھرە مۇنداق دېگەن:

«ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا مۇتەپەككۇرلار ئىسلام بىرلىكى قۇرۇپ چىقىشنى ئويلاشقان. نەتىجىدە ياۋروپالىق يازغۇچىلار ھەرىكىتىمىزگە توسقۇنلۇق قىلىش ئۈچۈن ئالدىن پىلانلانغان سىياسىي ئويۇنلىرى ۋە مەلۇم غايىلىرىگە بىنائەن، دۆلەتلەرنىڭ دىنىي پرىنسىپلار ئۈستىگە قۇرۇلمايدىغانلىقى، بەلكى تىل، ئىرق ياكى جۇغراپىيە بىرلىكى ئاساسىدا قۇرۇلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتى ۋە ئەۋۋەلا بۇنى ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ ئارىسىدا تارقاتتى. ئۇلار باشتا بىزنىڭ ھۆكۈمدارلىرىمىز ۋە ئەمەلدارلىرىمىزنى تىزگىنلىگەندىن كېيىن، ياشلارنىڭ ئوي – پىكرىنى تىزگىنلىدى. ئۇلار قارىماققا توغرىدەك كۆرۈنىدىغان ئۇسۇللار بىلەن ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىگە ئىغۋا ئۇرۇقلىرىنى چاچتى – دە، ئاخىرىدا كۆپلىگەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئەقلى ئىسلام بىرلىكى دەۋىتىگە كۆنمەيدىغانلا بولدى. نەتىجىدە مۇسۇلمانلارنىڭ سۆزى بىر يەردىن چىقماس بولدى. ‹دۆلەتلەرنىڭ بەرپا بولۇش ئاساسلىرى مۇشۇ، مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ دىن بىرلىكىگە ئاساسەن ئىسلام بىرلىكىنى تەلەپ قىلغانلار مەۋجۇدىيەتنىڭ قانۇنىيىتىگە ۋە دۆلەت قۇرۇش تەبىئىيىتىگە خىلاپ ئىش قىلغان بولىدۇ› دەپ قانائەتلىنىدىغان ۋە قانائەتلەندۈرىدىغان كىشىلەر بارلىققا كەلدى. ۋەھالەنكى، ھەقىقىي رېئاللىق ئېتىقاد بىرلىكىگە ئاساسەن دۆلەت قۇرۇشتۇر. ئۇنىڭ مىساللىرى ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئۆزىدە مەۋجۇت. مەسىلەن، ياۋروپادا بەزى دۆلەتلەر پروتېستانت، يەنە بەزىلىرى كاتولىك ئېتىقادى ئۈستىگە قۇرۇلغاندۇر».

شەيخ مۇھەممەد ئەبۇ زەھرە ھاكىمىيەتتىن ئىسلام شەرىئىتىنى يىراقلاشتۇرۇش ياكى ئۇنى ھۆكۈمدارلارنىڭ خاھىشىغا ماسلىشىشچان قىلىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى كۆزلەيدىغان زالىم ھاكىمىيەتكە قارىتا قاتتىق پوزىتسىيە تۇتاتتى. ئۇ بۇ يولدا نەچچە قېتىم شىددەتلىك جەڭلەرگىمۇ كىرگەن ۋە ھەممىسىدە ئۇتۇپ چىققانىدى.

ئۇ ھۆكۈمەتنىڭ تۇغۇت چەكلەش پىلانىغا ئۆكتە قوپقان؛ نىكاھ، تالاق ۋە مىراس قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك تۈزمە قانۇنلارغا قارشى چىققان؛ ئىسلامنى سوتسىيالىزم بىلەن بۇلغاشقا قارشى تۇرغان؛ يەنە جازانىنىڭ مەلۇم بىر تۈرىگە پىچىلغان مۇباھ «پەتۋا»سىنىڭ باتىللىقىنى كەسكىن ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنداقلا يەنە يازغۇچى – ئەدىبلەر ۋە تۈرلۈك تاراتقۇ مەنسۇبلىرى ئىچىدىكى دەھرىيلىك (دىنسىزلىق) ۋە شەھۋانىيلىق تەمسىلچىلىرىگە جەڭ ئېلان قىلغان ئىدى. ھۆكۈمەت نەچچە قېتىملاپ گاھ يۇمشاق، گاھ قاتتىق ۋاسىتىلەر بىلەن ئۇنى جىمىقتۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ باققان بولسىمۇ پايدىسى بولمىغان. چۈنكى، ئۇ دىنى ئۈچۈن سودىلاشمايتتى، دىنىنى پۈچەك دۇنياغا سېتىۋەتمەيتتى.

مۇئەللىف ئەبۇ زەھرە ھەققىدە زامانداشلىرى بىر – بىرىدىن ئېسىل باھالارنى بەرگەن:

«شەيخ مۇھەممەد ئەبۇ زەھرە مۇنبەرگە چىقىۋىدى، كىشىلەر ئۇنىڭغا بويۇنلىرىنى سوزۇپ قارىشىپ كەتتى. ئۇ مۇھاكىمىسىنى باشلىدى، ۋەھالەنكى ئۇنىڭ ساداسى ئەڭ گۈزەل تۈردە ياڭراپ، پىكىر چەشمىلىرىدىن ئابىشەربەتلەر بۇلدۇقلاۋاتاتتى. مەن ئۇنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىپ ئولتۇرۇپ، بىرنەچچە مىنۇت ئۆتمەيلا، شەرىئەت بوستانىنىڭ باغۋەنلىرىدىن بىرى بولمىش بۇ كىشى كۆزۈمگە گويا بىر پارچە بۇلۇت ئىچىدە ئاسماندىن چۈشكەن پەرىشتىدەك كۆرۈنۈپ كەتتى. ئاللاھنىڭ مەرھەمىتى بىلەن شەيخ مۇھەممەد ئەبۇ زەھرەنىڭ يۈرىكى روھانىي بىر بۇلاققا باغلانغان ئىدىكى، ئىخچام ۋە گۈزەل ئىبارىلەر بىلەن ئىنچىكە مەنىلەرنى سۆزلەيتتى. مەن ئۇنى ئاۋغۇست ئېيىدا شەبنەم بىلەن سۇغۇرۇلۇپ، كۈن نۇرى يەپ پىشقان بالدىنمۇ شېرىن بىر ساپاق ئۈزۈمگە ئوخشىتىمەن. مەن بۇ يەردە ئىمان بىلەن بىرگە لوگىكىنى كۆردۈم، ئەقىل ۋە نەقىل بىرلىكتە زېھىنلەرگە يول ئېلىۋاتاتتى. سىز كۆزىڭىزنى يۇمۇپ ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ ئاڭلىسىڭىز، ئۆزىڭىزنى ئاستا ھەرىكەتلىنىۋاتقان تىمتاس دېڭىزدا مېڭىۋاتقاندەك خىيال قىلىسىز. ئەبۇ زەھرە ۋەز – نەسىھەتنى ئەڭ گۈزەل يوسۇندا ئېلىپ باراتتى. ئۇ سۆزلىرىگە ئايەتى كەرىم ۋە ھەدىس شەرىپنى يار قىلىپ، ئۇنىڭ ئۈستىنى ئىبرەتلىك تارىخىي رېئاللىق بىلەن بېزەپ، ئاڭلىغۇچىنى ئۆزى سۆزلەۋاتقان دەۋرگە ئېلىپ كېتەتتى. شۇ چاغدا سىز ‹پۈتۈن دۇنيا ئىسلام بىلەن گۈزەل ئىكەن› دەپ قالاتتىڭىز. دېمەككى، ئۇ قەلبلەرگە تاڭ نۇرىدەك يالتىرىغان ئىماننى تىكەتتى»(3).

ــ ئۇستاز ئەججاج نۇۋەيھىز

 

«ئەھلى ئىلىملەر ئۆزلىرى ئۇچرىغان ھەرقانداق مەسىلىدە شەيخ مۇھەممەد ئەبۇ زەھرەگە مۇراجىئەت قىلاتتى. ئۇ شۇ دەرىجىدە سۇباتلىق، ئەقلى ئۆتكۈر، تىلى پاساھەتلىك، پاكىتى كۈچلۈك ئىدىكى، ئۇنىڭ بىلەن قاتتىق زىتلاشقانلارمۇ ئۇنىڭ فەقىھلىكىگە قايىل بولۇپ، ئۇنىڭ پىكىر يۆنىلىشىگە ئاپىرىن ئوقۇماي قالمايتتى. ئۇنىڭ زالىملارغا قارشى كەسكىن مەيدانى ناھايىتى روشەن ئىدى. شۇ تۈپەيلى قارشىلىققا ئۇچرىغان بولسىمۇ قەتئىي بوشاشمىدى. ئۇنىڭ كۆزقاراشلىرى ۋە ماقالىلىرى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان بولۇپ، دۆلەت قارىمىقىدىكى رادىئو، گېزىت – ژۇرناللار دەۋر مەسىلىلىرى توغرىسىدا سۆزلەيدىغانلار ئارىسىدا ئۇنىڭمۇ بىر كىشىلىك ئورنى بولۇشىغا رۇخسەت قىلمىغان ئىدى. بەكمۇ ھەيران قالارلىقى شۇكى، كۆپلىگەن رادىئولاردىكى دىنىي پروگراممىلارنى ھەر كۈنى ئاڭلىسىڭىزمۇ، شەيخنىڭ بىرەر سۆزىنى تاپالمايسىز. دىنىي بايراملاردا كۈندىلىك گېزىتلەرنى ئوقۇسىڭىز، ئۇنىڭ شاگىرتلىرىدىن كىچىك بىرلىرى نەچچە سەھىپىنى يازمىسىغا تولدۇرۇۋېتىدۇ – يۇ، چوڭ ئۇستازنىڭ بىرەر پىكرىنى تاپالمايسىز، نۆۋىتى كەلگەندە ئۇنىڭ ئىسمى پەقەت نەقىل ئورنىدا مۇنداقلا دېيىلىپ قالىدۇ، خالاس. ئەگەر شەيخ مۇھەممەد ئەبۇ زەھرە رەھىمەھۇللاھ ئۇستاز ئەھمەدنىڭ شەخسىي ئىگىدارچىلىقىدىكى ژۇرنالنىڭ باش مۇھەررىرلىكىنى قىلمىغان بولسا، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ پىكىر – قاراشلىرىنى ئاشكارا تارقىتىشى تەسكە توختايتتى»(4).

ــ دوكتور مۇھەممەد رەجەب بەييۇمىي

 

«شەيخ مۇھەممەد ئەبۇ زەھرە ھەققىدە سۆز قىلىشقا ھەددىمىز بولمىسىمۇ، شەيخ ھەققىدە شۇنداق دەيمىزكى، ئۇ ئىماملار قاتارىدىكى بىر ئىمام بولۇپ، فىقھىسىدا پۇختا، ئىلمىدە ئىنچىكىدۇر. مۇستەبىت سىياسەتچىلەرگە مەنسىتمەسلىك بىلەن قارىغان، غۇرۇرى بىلەن مەردلەرچە ئۇلاردىن يۈزىنى ئۆرىگەن بۇ ئەركەك مۇشۇ دەۋر ئالىملىرىنىڭ گۈزەل ئۈلگىسى بولۇشقا ئەرزىيدۇ. مەن راستتىنلا شەيخ ئەبۇ زەھرەگە شاگىرت بولغان ۋە ئۇنىڭ ئۇزۇن كۈرەشلىرىدە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغان كۆپلىگەن كىشىلەردىن بىرىمەن. مەن ھەسرەت بىلەن تۇيۇۋاتىمەن ۋە كۆرۈۋاتىمەنكى، نى نى يېتۈك ئالىملىرىمىز غېرىبسىنغان ھالدا ياشىماقتا، نۇرغۇنلىرى بىرنەچچە كۈنلۈك بۇ دۇنيادىن ئايرىلىپ، قارا تۇپراققا ۋە ئەسلىمىلىرىگە مۇڭداش بولماقتا. مەن بەزى ئالىملارنىڭ جىنازىسىغا باردىم، بىر ھاياسىز چاقچاقچى ۋە ناخشىچىنىڭ جىنازىسىغا قوي پادىلىرىدەك نۇرغۇن ئىنسانلار ئەگىشىدىغان بىر زاماندا، ئۇلارنىڭ جىنازىسىنى ئۇزىتىدىغانلارنىڭ ئازلىقى مېنى چۆچۈتىۋەتتى»(5).

ــ شەيخ مۇھەممەد غەززالىي

 

«ئىمام مۇھەممەد ئەبۇ زەھرە كۆپىنچە مىكروفوندا پىچىرلاپ تۇرۇپ ئوقۇغۇچىلىرىغا مۇنداق دەيتتى: ‹بالىلار! ئاڭلاڭلار! مەن سىلەرگە ھازىر مەخپىي بىر گەپ دەيمەن، ھېچكىمگە تىنماڭلار…› شۇنىڭ بىلەن ئۇ مىكروفون ئارقىلىق 1955 -، 1956 -، 1957 – يىللىرىدىكى ئابدۇنناسىرنىڭ ھاكىمىيىتىگە قارىتىپ ئوقلارنى ياغدۇراتتى. شۇ يىللاردا زالىم ئابدۇنناسىر ھاكىمىيىتىنىڭ زوراۋانلىقى چېكىگە يېتىپ، مۇسۇلمان قېرىنداشلارنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ پىكرىگە قارشى چىققان ھەرقانداق كىشىنى قولغا ئېلىپ تۈرمىلەرگە سولىغان ۋە ئۇلارغا تۈرلۈك ۋەھشىيانە ئازابلارنى سالغان ئىدى».

ــ ئادۋۇكات ھەمزە دەئبەس

 

سابىق ئوسمانلى شەيخۇلئىسلام ۋەكىلى ئىمام مۇھەممەد زاھىد كەۋسەرىي (1879 – 1952) «حسن التقاضي» ناملىق كىتابىدا مۇئەييەن بىر مەسىلىنى «پەزىلەتلىك ئۇستاز، ئىجادكار يېتۈك ئالىم سەييىد مۇھەممەد ئەبۇ زەھرەنىڭ ئەتراپلىق چوڭقۇر تەتقىق قىلغانلىقى»نى، بۇنىڭ ئۇنىڭ تەتقىقاتلىرىدىكى ئادىتى ئىكەنلىكىنى ئېيتقاندىن كېيىن، ھاشىيەدە مۇنداق دېگەن: «ئۇستاز ئەبۇ زەھرەنىڭ پايدىلىق ئەسەرلىرى بىلەن ئىلىمگە قوشقان تۆھپىلىرى نۇرغۇندۇر. شۇ جۈملىدىن ئۇنىڭ ‹ئەبۇ ھەنىفە›، ‹مالىك›، ‹شافىئىي› ۋە ‹ئىبنى ھەنبەل› (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) ناملىق يىرىك ئەسەرلىرى باردۇر. بۇ ئەسەرلەرنىڭ ھەربىرى ئۆز ئالدىغا شۇ ئۇلۇغ ئىماملارنىڭ بىردىن تەرجىمىھالىدۇر. مۇئەللىف ئۇلارنىڭ ھاياتىنى، چوڭ – كىچىك ھەر ھالىنى ئىنچىكە تەتقىق قىلغان. ھەربىر ئىمام ھەققىدىكى شامىل تەتقىقاتلىرىنىڭ يەكۈن – خۇلاسىلىرىنى ئاشۇ بىباھا كىتابلارغا پۈتكەن بولۇپ، بۇلار ئىماملار ھەققىدە ئىزدەنگۈچىلەرنىڭ قەلبلىرىگە مەلھەم بولغۇسىدۇر. بۇ ھەقىقەتەن يېڭى بىر غەلىبە، يېڭى بىر يۈزلىنىش بولۇپ، بۇ يېڭى بوغۇنلارنى ئىسلام ئىماملىرىنىڭ مەنىۋى مىراسلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە ئۈندەيدۇ. مول – ھوسۇللۇق يازغۇچى بۇ ئارقىلىق پۈتمەس مەدھىيە – ئالقىشلارغا لايىق بولدى. ئاللاھ ئۇنى ئىلىمگە قوشقان تۆھپىلىرى ئۈچۈن ياخشىلىق بىلەن مۇكاپاتلىغاي! مەن ئۇنىڭدا ھېچقانداق چاتاق يوق دەپ قارايمەن. ئاللاھ ئۇنىڭغا تەۋپىق ۋە ئىستىقامەتنى زىيادە قىلغاي!»(6)

«ئۇ ئۆز دەۋرىدىكى ئىسلام شەرىئىتى ئالىملىرىنىڭ ئەڭ چوڭىدۇر»(7).

ــ ئەدىب ۋە تارىخچى خەيرىددىن زىرىكلىي

 

«پەزىلەتلىك ئۇستاز، ئۇلۇغ شەيخ مۇھەممەد ئەبۇ زەھرە ئىسلام دۇنياسىدا ھەرخىل ئىسلامىي ۋە ئەرەبىي مەسىلەلەر ھەققىدىكى نۇرغۇن قىممەتلىك تەتقىقاتلىرى ۋە ئېسىل تەئلىفلىرى بىلەن تونۇلغان پازىل ئالىمدۇر»(8).

ــ سابىق شەيخۇلئەزھەر ئابدۇلھەلىم مەھمۇد

 

«ئۇستاز ئەبۇ زەھرە بىر فىقھىي كۇتۇبخانا مىسالىدۇر»(9).

ــ دوكتور مۇستافا سىبائىي

 

«شەيخكە بولغان مۇھەببىتىم ۋە تەزىمىم كاتتا بولسىمۇ ھەمدە ئىككىمىز بىر يۇرتلۇق بولساقمۇ، شەيخ بىلەن ئارانلا بىر قېتىم ئۇچرىشىش پۇرسىتىم بولغان ئىدى. شەيخ بىلەن م. 1972 – يىلى لىۋىيەنىڭ بەيزاﺋ شەھىرىدە، ئەرەب دىيارىنىڭ ھەر تەرەپلىرىدىن نۇرغۇن ئۆلىما ۋە فۇقەھائلار چاقىرىلغان ئىسلام فىقھىسى يىغىنىدا ئۇچراشقانىدىم. شەيخ ئۆزىنىڭ دېڭىزدەك تاشقىن، تولۇن ئايدەك چاقناق ئىنچىكە ئىزاھلىرى ۋە چوڭقۇر تولۇقلىمىلىرى بىلەن، ھەقىقەتەن يىغىننىڭ چاقنىغان يۇلتۇزى ئىدى… بىز ئۇنى ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە قەلەم تەۋرەتكەن ئېنسىكلوپېدىك بىر مۇئەللىف سۈپىتىدە تونۇغان… ئۇ تۆت ئىمام، ئىمام سادىق، ئىمام زەيد، ئىبنى ھەزم، ئىبنى تەيمىييە قاتارلىق فۇقەھائ‍ ئىماملار ھەققىدىكى كىتابلىرى بىلەن مەشھۇر بولغان. ئۇ راستتىنلا مەزكۇر كىتابلارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قالتىس يازغان. نەتىجىدە بۇ كىتابلار شۇ تېمىلاردا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ تايىنىدىغان مەنبەلىرىگە ئايلانغان»(10).

ــ دوكتور يۈسۈف قەرەداۋىي

 

«شەيخ ئەللامە ئەبۇ زەھرە رەھىمەھۇللاھ فىقھ ۋە شەرىئەت ئىلمىدا ھۆججەت، ھەتتا بەئەينى ساھىلسىز بىر دېڭىز، شەرىئەتنى مۇداپىئە قىلىشتا بىر قورغان ئىدى. ئۇ ئۇسۇلۇلفىقھ، سىيرەت، دىنلار سېلىشتۇرمىسى، مۇنازىرە قاتارلىق ئىلىملەردە كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇستاز ئىدى، قەدىمكى دىنلار، يېڭى ئەقىدىۋى ئېقىملار ساھەسىدە قالتىس تارىخچى ئىدى… ئەزھەر شەرىفتىكى ئۇنىۋېرسىتېت ھاياتىمدا تاغدەك بەھەيۋەت بۇ پېشقەدەم ئۇستازنىڭ قولىدا ئىككى يىل ئوقۇشقا مۇشەررەپ بولغانىدىم… ئۆزىنىڭ ئىلمىي نۇرى، كلاسسىك ئىلىملەرگە پىششىقلىقى، زامانىۋى ئىجتىھادى ھەمدە نەچچىلىگەن ئىلمىي ئىختىساسنى ئۆزىدە جەملەش قۇدرىتى بىلەن، قەلبىمىزگە ھەيۋەت، مۇھەببەت ۋە ھەيرانۇھەسلىك ئوتلىرىنى سالاتتى ۋە بىزگە ئىبنى سىنا، غەززالىي، ئىبنى خەلدۇندەك ئېنسىكلوپېدىك مەشھۇرلىرىمىزنى ئەسلىتەتتى. ئۇ زات شەرىئەت ئەھكاملىرى بىلەن دەۋر مەسىلىلىرىنى يېقىنلاشتۇرۇشتىكى ئادەتتىن تاشقىرى قابىلىيىتى بىلەن ئالاھىدە پەرقلىنەتتى. ئۇ شۇنداق مۇجتەھىد ئىمامنىڭ تىمسالى ئىدىكى، ئەقلىي پائالىيىتى نەسلەرنى چۈشىنىش، ئۆگىتىش ۋە تەلقىن قىلىش چېكىدىلا توختاپ قالماستىن، بەلكى ئىنچىكە نەزەر بىلەن نەسلەر بۇلىقىدىن ئۇنىڭغا يوشۇرۇنۇۋالغان، زامان – ماكان ئۆزگىرىشلىرىگە تەتبىقلاشقا يارايدىغان يېڭى – يېڭى ھۆكۈملەرنى ئېتىلدۇرۇپ چىقىراتتى»(11).

ــ شەيخۇلئەزھەر ئەھمەد تەييىب

 

«ئۇ خۇددى بىر ئۇنېۋىرسىتېت كەبى ئىدىكى، ئۇنىڭ قولىدا شەرقلىق ۋە غەربلىك نەچچە مىڭلىغان ئالىم ئوقۇش پۈتتۈرگەن. ئۇ قاھىرە ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتىدا دەرس ئۆتكەن نۇرغۇن مۆتىۋەر مۇدەررىسلەردىن بىرى ئىدى. ئۇ مەزكۇر فاكۇلتېتتا شەرىئەت بۆلۈمىنى قۇرۇپ چىققان، شۇنداقلا قاھىرە ئىسلام تەتقىقاتلىرى ئىنىستىتۇتىنىڭ قۇرغۇچى ئەزالىرىدىن بىرىدۇر. ئۇ ئىنىستىتۇتلاردا ھەقسىز لېكسىيە سۆزلەيتتى. دوكتور مۇھەممەد ئەرەبىي، ئۇستاز مۇھەممەد قۇتۇب، دوكتور مۇھەممەد يۈسۈف قاتارلىقلاردەك نەچچە ئونلىغان ئۇستازلار ئۇنىڭ لېكسىيەلىرىگە قاتنىشاتتى. ئۇ لېكسىيەلەر، قۇرۇلتاي – يىغىنلار ۋە فىقھىي ئورگانلارنىڭ شەرەپ مېھمىنى سۈپىتىدە تەكلىپ بىلەن نۇرغۇن ئەرەب – ئىسلام ئەللىرىنى ئايلىنىپ چىققانىدى. مۇسۇلمانلار ئۇنىڭ مول ئىلمى ۋە فىقھىسىدىن كۆپ مەنپەئەتلەنگەنىدى»(12).

ــ ئابدۇللاھ ئەقىيل سۇلايمان ئەلئەقىيل

 

ئەسەرلىرى

بۈيۈك ئەللامە ئەبۇ زەھرە 80 پارچىگە يېقىن كىتاب يازغان بولۇپ، كۆپىنچىسى مەنبە خاراكتېرلىك چوڭ كىتابلاردىندۇر. ئەللامەنىڭ يەنە ئېلان قىلغان نۇرغۇن ماقالە ۋە پەتۋالىرى بار بولۇپ، بۇلار تېخى بىرەر كىتابقا توپلانمىغان. ئەگەر توپلىنىپ قالسا، نەچچە توملۇق كىتاب بولاتتى. تۆۋەندە بىز بۇ ئىلىم پىداكارى ۋە زامانە فەقىھىنىڭ بىر قىسىم كىتابلىرىنى قىستۇرۇپ ئۆتىمىز. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

1. خاتم النبيين (پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنچىسى) (3 قىسىم)، دارۇلفىكر ئەلئەرەبىي، قاھىرە، ھ. 1393.

2. المعجزة الكبرى القرآن الكريم (ئەڭ چوڭ مۇئجىزە ــ قۇرئان كەرىم)، دارۇلفىكر ئەلئەرەبىي، قاھىرە، ھ. 1390/م. 1970.

3. تفسير القرآن الكريم ــ زهرة التفاسير (قۇرئان كەرىم تەفسىرى ــ تەفسىرلەرنىڭ گۈلى)، (قۇرئاننىڭ بېشىدىن 27/«نەمل»: 73 – ئايەتكىچە) (10 قىسىم) دارۇلفىكر ئەلئەرەبىي، قاھىرە، نەشر يىلى يوق.

4. تاريخ المذاهب الإسلامية (ئىسلامىي مەزھەبلەر تارىخى)، دارۇلفىكر ئەلئەرەبىي، قاھىرە، 1 – باسمىسى، ھ. 1396/م. 1976؛ 2 – باسمىسى، ھ. 1417/ م. 1996؛ 3 – باسمىسى، ھ. 1430/م. 2009.

5. العقوبة في الفقه الإسلامي (ئىسلام فىقھىسىدىكى جازالار)، مەتبەئەتۇ ئەلئەنجىلۇ ئەلمىسرىييە، 1 – باسمىسى، قاھىرە، ھ. 1375؛ 2 – باسمىسى، دارۇلفىكر ئەلئەرەبىي، قاھىرە، م. 1998

6. الجريمة في الفقه الإسلامي (ئىسلام فىقھىسىدىكى جىنايەتلەر)، مەتبەئەتۇ ئەلئەنجىلۇ ئەلمىسرىييە، 1 – باسمىسى، قاھىرە، ھ. 1375؛ 2 – باسمىسى، دارۇلفىكر ئەلئەرەبىي، قاھىرە، م. 1998.

7. الأحوال الشخصية (ئائىلە ئەھكاملىرى)، مەتبەئەتۇ مۇخەيمىر، 1 – باسمىسى، قاھىرە، ھ. 1367؛ 2 – باسمىسى، دارۇلفىكر ئەلئەرەبىي، قاھىرە، 2005.

8. أبو حنيفة ــ حياته وعصره ــ آراؤه وفقهه (ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ــ ھاياتى ۋە دەۋرى، قاراشلىرى ۋە فىقھىسى)، دارۇلفىكر ئەلئەرەبىي، 1 – باسمىسى، قاھىرە، ھ. 1366؛ 2 – باسمىسى، ھ. 1369/م. 1947.

9. مالك ــ حياته وعصره ــ آراؤه وفقهه (ئىمام مالىك ــ ھاياتى ۋە دەۋرى، قاراشلىرى ۋە فىقھىسى)، مەتبەئەتۇ ئەلئەنجىلۇ ئەلمىسرىييە، 1 – باسمىسى، قاھىرە، ھ. 1365؛ 2 – باسمىسى، دارۇلفىكر ئەلئەرەبىي، قاھىرە، ھ. 1371.

10. الشافعي )شافىئىي)، مەكتەبەتۇ ۋەھبە، 1 – باسمىسى، قاھىرە، ھ. 1364؛ 2 – باسمىسى، دارۇلفىكر ئەلئەرەبىي، قاھىرە ھ. 1367.

11. ابن حنبل (ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل)، دارۇلفىكر ئەلئەرەبىي، قاھىرە، ھ. 1366.

12. الإمام زيد (ئىمام زەيد)، دارۇلفىكر ئەلئەرەبىي، قاھىرە، ھ. 1378.

13. ابن تيمية (ئىبنى تەيمىييە)، دارۇلفىكر ئەلئەرەبىي، قاھىرە، ھ. 1371.

14. ابن حزم (ئىبنى ھەزم)، دارۇلفىكر ئەلئەرەبىي، قاھىرە، ھ. 1373.

15. الإمام الصادق (ئىمام سادىق)، دارۇلفىكر ئەلئەرەبىي، قاھىرە.

16. أحكام التركات والمواريث (مىراس ئەھكاملىرى)، مەتبەئەتۇ مۇخەيمىر، 1 – باسمىسى، قاھىرە، ھ. 1368؛ 2 – باسمىسى، دارۇلفىكر ئەلئەرەبىي، قاھىرە، ھ. 1383/م. 1963.

17. أصول الفقه (ئۇسۇلۇلفىقھ)، ، دارۇلفىكر ئەلئەرەبىي، قاھىرە، ھ. 1377/م. 1958.

18. محاضرات في الوقف (ۋەقفكە ئالاقىدار لېكسىيەلەر)، 1 – باسمىسى، مەئھەدۇددىراساتۇل ئەرەبىييە ئەلئالىيە، قاھىرە، م. 1959؛ 2 – باسمىسى دارۇلفىكر ئەلئەرەبىي، قاھىرە، ھ. 1391/ م. 1971.

19. محاضرات في عقد الزواج وآثاره (نىكاھ توختامى ۋە ئۇنىڭ نەتىجىلىرى ھەققىدە لېكسىيەلەر)، دارۇلفىكر ئەلئەرەبىي، قاھىرە، 2 – باسمىسى، ھ. 1391/م. 1971.

20. الدعوة إلى الإسلام (ئىسلامغا دەۋەت)، دارۇلفىكر ئەلئەرەبىي، قاھىرە، م. 1992.

21. مقارنات الأديان (دىنلار ھەققىدە سېلىشتۇرما)، دارۇلفىكر ئەلئەرەبىي، قاھىرە، ھ. 1385/م. 1965.

22. محاضرات في النصرانية (خرىستىيانزم ھەققىدە لېكسىيەلەر)، دارۇلفىكر ئەلئەرەبىي، قاھىرە، ھ. 1381/ م. 1966.

23. تنظيم الإسلام للمجتمع (ئىسلامنىڭ جەمئىيەتنى تەرتىپكە سېلىشى)، دارۇلفىكر ئەلئەرەبىي، قاھىرە، ھ. 1385/1965.

24. الولاية على النفس (ۋەلىيلىك ھەققىدە)، دارۇلفىكر ئەلئەرەبىي، قاھىرە، 1 – باسمىسى، ھ. 1401/م. 1981؛ 2 – باسمىسى، دارۇررائىد ئەلئەرەبىي، بېيرۇت، ھ. 1389.

25. الملكية ونظرية العقد (مۈلۈكدارلىق ۋە توختام نەزەرىيەسى)، دارۇلفىكر ئەلئەرەبىي، قاھىرە، م. ھ. 1417/ م. 1996.

26. تاريخ الجدل (مۇنازىرە تارىخى)، مەتبەئەتۇل ئۇلۇم، ھ. 1353؛ دارۇلفىكر ئەلئەرەبىي، قاھىرە، ھ. 1362.

27. تنظيم الأسرة وتنظيم النسل (ئائىلە ۋە نەسىلنى تەرتىپكە سېلىش)، 1 – باسمىسى، مەجمەئۇل بۇھۇسىل ئىسلامىييە، ھ. 1385؛ 2 – باسمىسى، دارۇلفىكر ئەلئەرەبىي، قاھىرە، ھ. 1396/م. 1976.

28. شرح قانون الوصية (ۋەسىيەت قانۇنى شەرھى)، 1 – باسمىسى، مەتبەئەتۇ ئەلئەنجىلۇ ئەلمىسرىييە، قاھىرە، ھ. 1366/م. 1947؛ 2 – باسمىسى، دارۇلفىكر ئەلئەرەبىي، قاھىرە، م. 2001.

29. الوحدة الإسلامية (ئىسلامىي بىرلىك)، دارۇلفىكر ئەلئەرەبىي، قاھىرە، ھ. 1396/م. 1976.

30. العلاقات الدولية في الإسلام (ئىسلامدىكى دۆلەتلەرئارا ئالاقىلەر)، دارۇلفىكر ئەلئەرەبىي، قاھىرە، ھ. 1415/1995.

31. التكافل الإجتماعي في الإسلام (ئىسلامدىكى ئىجتىمائىي كاپالەت)، دارۇلفىكر ئەلئەرەبىي، قاھىرە، م. 1991.

32. المجتمع الإنساني في ظل الإسلام (ئىسلام سايىسى ئاستىدىكى ئىنسانىي جەمئىيەت)، 1 – باسمىسى، دارۇلفىكر ئەلئەرەبىي، قاھىرە. نەشر يىلى يوق؛ 2 – باسمىسى، ئەددارۇسسەئۇدىييە، رىياد، ھ. 1401/ م. 1981.

33. المیراث عند الجعفریة (جەئفەرىيلەردىكى مىراس)، 1 – باسمىسى، معهد الدراسات العربية العالية قسم العلاقات الدولية، قاھىرە، ھ. 1955؛ 2 – باسمىسى، منظمة الإعلام الإسلامي، ئىران، ھ. 1404؛ 3 – باسمىسى، دارۇلفىكر ئەلئەرەبىي، قاھىرە.

34. موسوعة الفقه الإسلامي (ئىسلام فىقھ ئېنسىكلوپېدىيەسى)، جەمئىييەتۇ ئەددىراسات ئەلئىسلامىييە، قاھىرە، م. 1967. (ئىككى قىسىم چىقىپ توختاپ قالغان)

35. بحوث في الربا (ئۆسۈم ھەققىدە تەتقىقات) دارۇلفىكر ئەلئەرەبىي، قاھىرە، م. 1999.

36. الخطابة أصولها وتاريخها (نۇتۇق ــ ئۇسۇلى ۋە تارىخى)، مەتبەئەتۇلئۇلۇم، قاھىرە، ھ. 1353/م. 1934.

37. العقيدة الإسلامية كما جاء بها القرآن الكريم (قۇرئان كەرىم ئېلىپ كەلگەن بويىچە ئىسلامىي ئەقىدە)، مەشەيخەتۇل ئەزھەر ئەششەرىف ۋە مەجلىسۇ ھۆكەمائىل مۇسلىمىين، 1 – باسمىسى، ھ. 1444/2023.

38. أصول الفقه الجعفري (جەئفەرىي فىقھىسىنىڭ ئۇسۇلى)، دارۇلفىكر ئەلئەرەبىي، قاھىرە، م. 2010.

39. نظرية الحرب فى الإسلام (ئىسلامدىكى ئۇرۇش نەزەرىيەسى)، مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مەجلىسى، ھ. 1380/م. 1961.

40. الفقه الإسلامى والقانون الروماني (ئىسلام فىقھىسى ۋە رىم قانۇنى)، مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مەجلىسى، ھ. 1380/م. 1961.

41. المنتخب في تفسير القرآن الكريم (قۇرئان كەرىم تەفسىرىدە تاللانغان جەۋھەرلەر) (مۇئەللىفنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 37 چوڭ ئۆلىمادىن تەشكىللەنگەن ئىلمىي گۇرۇپپا تەرىپىدىن تۈزۈلگەن) مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مەجلىسى، 21 – باسمىسى، ھ. 1427/م. 2006.

 

ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى

ھ. 1445، شەئبان (بارات) / م. 2024، مارت


1. شەرئىي قازىلىق مەكتىپى (مدرسة القضاء الشرعي): بۇ مەكتەپ 1907 – يىلى مىسىر ھىدىۋى ئابباس ھىلمى II دەۋرىدە (1892 – 1914) ئەزھەر شەرىفكە قاراشلىق قۇرۇلغان. دۆلەتنىڭ قازىلىق مەنسەپلىرىگە مۇشۇ مەكتەپنىڭ ياكى ئەلئەزھەرنىڭ دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەنلەر تەيىنلىنەتتى. نۇرغۇن چوڭ ئالىملارنى يېتىشتۈرگەن بۇ مەكتەپ 1930 – يىلى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.
2. «فەقىھ ئەللامە مۇھەممەد ئەبۇ زەھرە» ناملىق ماقالە، «ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورى» دىن ئېلىندى. م. 2018. 10. 27. كۈنى. https://sajiya.biz/?p=1683
3. ئەججاج نۇۋەيھىز: «الأديب (ئەدىب)» ژۇرنىلى (لىۋان) دا چىققان ھ. 1393/م. 1973 – يىلى ماراكەشتە ئېچىلغان ئىسلام قۇرۇلتىيى توغرۇلۇق يازما.
4. دوكتور مۇھەممەد رەجەب بەييۇمىي: «النهضة الإسلامية في سير أعلامها المعاصرين»، 2/275 – 278. دارۇلقەلەم ۋە ئەددارۇششامىييە.
5. ئابدۇللاھ ئەقىيل سۇلايمان ئەلئەقىيل: «من أعلام الدعوة والحركة الإسلامية المعاصرة»، 600 – بەت، دارۇتتەۋزىيئى ۋەننەشر ئەلئىسلامىييە، 1 – باسمىسى، ھ. 1423/م. 2002.
6. ئىمام كەۋسەرىي: «حسن التقاضي في سيرة الإمام أبي يوسف القاضي»، 69 – بەت، ئەلمەكتەبەتۇل ئەزھەرىييە لىتتۇراس، قاهىرە.
7. خەيرىددىن زىرىكلىي: «ئەلئەئلام (الأعلام)»، 6/25. دارۇل ئىلم لىلمەلايىين، بېيرۇت م. 2002.
8. شەيخ مۇھەممەد ئەبۇ زەھرەنىڭ «العقيدة الإسلامية كما جاء بها القرآن الكريم» ناملىق كىتابىغا نەشرگە تەييارلىغۇچىنىڭ مۇقەددىمىسى، مەشيەخەتۇل ئەزھەر ئەششەرىف ۋە مەجلىسۇ ھۆكەمائىل مۇسلىمىين، 1 – باسمىسى.
9. مەجد مەككىي: «العلامة الشيخ محمد أبو زهرة والعلامة الشيخ مصطفى الزرقا» ناملىق ماقالە، «سۈرىيە ئۆلىمالىرى ئىتتىپاقى (رابطة العلماء السوريين)» توربېتى.
10. دوكتور يۈسۈڧ قەرەداۋىي: «في وداع الأعلام»، 161 – بەت. ئەددارۇششامىييە، تۈركىيە.
11. شەيخ مۇھەممەد ئەبۇ زەھرەنىڭ «نظرية الحرب في الإسلام» ناملىق كىتابىنىڭ مۇقەددىمىسى، مەشيەخەتۇل ئەزھەر ئەششەرىف نەشرى.
12. ئابدۇللاھ ئەقىيل سۇلايمان ئەلئەقىيل: «موت عالم مع المرحوم العلامة فضيلة الشيخ محمد أبو زهرة»، «المجتمع الغراء» ژۇرنىلى م. 1974/197 – سان، 14 – 16 – بەتلەر؛ ئابدۇللاھ ئەقىيل سۇلايمان ئەلئەقىيل: «من أعلام الدعوة والحركة الإسلامية المعاصرة»، 591 – 600 – بەتلەر.

Please follow and like us: