قەبرىلەرنى زىيارەت قىلىش، ئۆلگەنلەرگە دۇئا قىلىش ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر

قەبرىلەرنى زىيارەت قىلىش، ئۆلگەنلەرگە دۇئا قىلىش ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر

قەبرىلەرنى زىيارەت قىلىش مۇستەھەبتۇر. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «قەبرىلەرنى زىيارەت قىلىڭلار، چۈنكى، قەبرىلەرنى زىيارەت قىلىش سىلەرگە ئاخىرەتنى ئەسلىتىدۇ»(1).

كىشى قەبرەنى زىيارەت قىلسا، مەرھۇمنىڭ يۈزىگە يۈزلەنسۇن. قۇرئاندىن بەزى ئايەتلەرنى ئوقۇپ، ئۇنىڭغا ئوقۇغان ئايەتلەرنىڭ ساۋابىنى ھەدىيە قىلسۇن ۋە قەبرىستانلىقنى جۈمە كۈنىدە زىيارەت قىلسۇن.

رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئاسىم جەھدەرىي ئۆلۈپ كېتىپ بىرنەچچە يىللاردىن كېيىن، بىر يېقىنى ئۇنى چۈشىدە كۆرۈپتۇ ۋە ئۇنىڭدىن:

— سەن ئۆلۈپ كەتكەن ئەمەسمىدىڭ؟ — دەپ سوراپتۇ، ئۇ:

— شۇنداق، — دەپتۇ. يېقىنى:

— قەيەردىسەن؟ — دەپ سوراپتۇ. ئاسىم:

— ئاللاھ بىلەن قەسەمكى! مەن جەننەت باغچىلىرىدىن بىر باغچىدا تۇرۇۋاتىمەن. مەن ۋە بىرنەچچە نەپەر ھەمراھىم ھەر پەيشەنبە كېچىسى ۋە جۈمە ئەتىگىنى ئەبۇبەكرى ئىبنى ئابدۇللاھ ئەلمۇزەنىي رەھىمەھۇللاھنىڭ يېنىغا كېلىپ، سىلەرنىڭ خەۋەرلىرىڭلارنى سورىشىمىز، — دېدى. ئۇ كىشى مۇنداق دېدى: مەن ئۇنىڭغا:

— سىلەرنىڭ بەدەنلىرىڭلار ئۇچرىشامدۇ ياكى جانلىرىڭلارمۇ؟ — دېگەنىدىم، ئۇ:

— ياق! بەدەنلەر چىرىپ كېتىپ بولدى. پەقەت جانلار ئۇچرىشىدۇ، — دېدى. مەن:

— بىزنىڭ سىلەرنى زىيارەت قىلغىنىمىزنى بىلەمسىلەر؟ — دېدىم. ئۇ:

— زىيارەت قىلغىنىڭلارنى پەيشەنبە كېچىسى ۋە جۈمە پۈتۈن كۈن ۋە شەنبە كۈنى قۇياش چىقىپ بولغۇچە بولغان ۋاقىتتا بىلىمىز، — دېدى. مەن:

— نېمىشقا باشقا كۈنلەردە ئەمەس، مۇشۇ كۈنلەردىلا بىلەلەيسىلەر؟ — دېدىم. ئۇ:

— جۈمە كۈنىنىڭ شەرىپى ۋە ھۆرمىتى يۈزىدىن شۇنداقتۇر، — دەپ جاۋاب بەردى(2).

ئوسمان ئىبنى سەۋدە ئەتتۇفاۋىي رەھىمەھۇللاھ رىۋايەت قىلىدۇ: «مېنىڭ ئانام ئىبادەتگۇي ئاياللاردىن ئىدى. ئۇنىڭغا: ‹ئابىدە› دېيىلەتتى. ئانامغا ئۆلۈم كەلگەندە، بېشىنى ئاسمانغا كۆتۈرۈپ:

‹ئى بايلىقلىرىم! ئى ساقلاپ قويغان ئىبادەتلىرىم! ئى ھاياتىمدا ۋە ئۆلۈمۈمدە تايىنىدىغان زات! مېنى ئۆلەر ۋاقتىمدا خار قىلمىغىن! قەبرەمدە مېنى يالغۇز قويمىغىن!› دېدى ۋە ئۆلۈپ كەتتى. مەن ئانامنىڭ قەبرىسىگە ھەر جۈمە كۈنى كېلىپ، ئانامغا دۇئا قىلاتتىم. ئانامغا ۋە قەبرە ئەھلىگە مەغپىرەت تىلەيتتىم. بىر كېچىسى چۈشۈمدە ئانامنى كۆردۈم ۋە ئانامغا:

— ئى ئانا! قانداقراقسىز؟ — دېدىم. ئانام:

— ئى ئوغلۇم! ئۆلۈم ھەقىقەتەن قاتتىق ئىكەن. ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇسانالار بولسۇنكى، مەن مەدھىيەلىنىدىغان بەرزەخ دېگەن ئورۇندىمەن. ئۇنىڭغا رەيھانلار چېچىلىدۇ. ئۇنىڭدا قىيامەت كۈنىگىچە يۇمشاق، قېلىن يىپەكلەرگە يۆلىنىپ ئولتۇرۇلىدۇ، — دېدى. مەن:

— سىزنىڭ بىرەر ھاجىتىڭىز بارمۇ؟ — دېگەنىدىم، ئانام:

ــ ھەئە، بىزنى زىيارەت قىلىشنى تاشلىمىغىن! سەن ئۆيۈڭدىن جۈمە كۈنىدە مېنى يوقلىغىلى كەلسەڭ، كەلگەنلىكىڭگە خۇشال بولىمەن. ماڭا: ‹ئى ئابىدە! سىزنىڭ بۇ ئوغلىڭىز كەلدى› دېيىلىدۇ. ئاندىن مەن سۆيۈنىمەن ۋە ئەتراپىمدىكى ئۆلۈكلەرمۇ سۆيۈنىدۇ، — دېدى»(3).

بىشر ئىبنى مەنسۇر مۇنداق دېگەن: «جىنازا نامازلىرىدىن قالمايدىغان بىر كىشى بار ئىدى. كەچقۇرۇنلۇقى قەبرىستاننىڭ ئىشىكى ئالدىدا تۇرۇپ: ‹ئاللاھ تائالا يالغۇزلۇقۇڭلارغا ئۈلپەت ئاتا قىلسۇن! غېرىبلىكىڭلەرگە رەھمەت قىلسۇن! خاتالىقىڭلارنى ئەپۇ قىلسۇن! ياخشىلىقلىرىڭلارنى قوبۇل قىلسۇن!› دەيتتى. بۇلاردىن باشقا سۆزلەرنى قىلمايتتى. ئۇ كىشى: ‹مەن مەلۇم بىر كېچە قەبرىستانغا كەلمەي، ئىلگىرىكىدەك دۇئا قىلمىدىم. شۇ كېچىسى چۈشۈمدە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ يېنىمغا كەلگەنلىكىنى كۆردۈم ۋە ئۇلارغا:

— سىلەر كىمسىلەر؟ نېمە ھاجىتىڭلار بار؟ — دېدىم. ئۇلار:

— بىز قەبرىستان ئەھلىمىز، سەن بىزگە ھەدىيە ئەۋەتىشكە ئادەتلەنگەن ئىدىڭ، لېكىن بۇ كېچە ئەۋەتمىدىڭ، — دېدى. مەن:

— نېمە ھەدىيە؟ — دېدىم. ئۇلار:

— سەن قىلغان دۇئالار ھەدىيەلەردۇر، — دېدى. مەن ئۇلارغا:

— بۇندىن كېيىن ھەر كېچە دۇئا قىلىمەن، — دېدىم ۋە دۇئا قىلىشنى تاشلاپ قويمىدىم› دېگەنىكەن»(4).

بەششار ئىبنى غالىب رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «مەن رابىئە ئەلئەدەۋىييەنى چۈشۈمدە كۆردۈم، ئۇنىڭغا كۆپ دۇئا قىلاتتىم. رابىئە ماڭا:

— ئى بەششار! سېنىڭ ھەدىيەلىرىڭ بىزگە نۇردىن بولغان تاۋاقلاردا يىپەك لۆڭگىلەر بىلەن يېپىلغان ھالەتتە كېلىدۇ، — دېدى. مەن:

— بۇ قانداق مۇمكىن بولسۇن؟ — دېدىم. ئۇ:

— تىرىكلەر ئۆلۈكلەرگە دۇئا قىلىپ، ئۇلارنىڭ دۇئاسى ئىجابەت قىلىنسا، ئۇ دۇئالار نۇردىن بولغان تاۋاقلار ئۈزرە قىلىنىدۇ ۋە يىپەك لۆڭگىلەر بىلەن يۆگىلىدۇ. ئاندىن ئۇ دۇئا ئۆلۈكلەردىن كىمگە قىلىنغان بولسا، شۇنىڭغا ئېلىپ كېلىنىدۇ ۋە ئۇنىڭغا: ‹بۇ بولسا پالانىنىڭ سىزگە قىلغان ھەدىيەسى› دېيىلىدۇ، ــ دېدى»(5).

 

پەسىل
ئۆلۈمنىڭ ھەقىقىتى، مېيىت قىيامەت قايىم بولغۇچە قەبرىدە ئۇچرايدىغان ئىشلار توغرىسىدا

 

ئايەتلەر ۋە ھەدىسلەر ئۆلۈم ھەقىقىتىنىڭ روھنىڭ بەدەندىن ئايرىلىشى ئىكەنلىكىگە، روھ بەدەندىن ئايرىلغاندىن كېيىن روھنىڭ مەڭگۈ يوقالمايدىغانلىقىغا، روھنىڭ يا ئازابلىنىدىغانلىقى، يا مۇكاپاتلىنىدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. چۈنكى، روھ بەزىدە تۈرلۈك غەم – قايغۇلار بىلەن ئۆزىچە ئەلەم تارتىدۇ ۋەيا ئەزالارغا مۇناسىۋەتلىك بولمىسىمۇ، تۈرلۈك خۇشال – خۇراملىقلار بىلەن ھۇزۇرلىنىدۇ. روھنىڭ بارلىق سۈپەتلىرى روھ بەدەندىن ئايرىلغاندىن كېيىنمۇ روھ بىلەن بىللە قالىدۇ. روھنىڭ ئەزالار ۋاسىتىسى بىلەن بولىدىغان ھەرقانداق سۈپىتى بەدەننىڭ ئۆلۈشى بىلەن روھ بەدەنگە قايتىپ بولغۇچە يوقىلىپ كېتىدۇ. قەبرىدە روھنىڭ بەدەنگە قايتۇرۇلۇشى يىراق ئەمەس. روھنىڭ بەدەندە قىيامەت كۈنىگىچە قالدۇرۇلۇشى ھەم يىراق ئەمەس. ئاللاھ تائالا ھەربىر بەندىسى ئۈچۈن بەرگەن ھۆكمىنى ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.

ئۆلۈمنىڭ مەنىسى «روھنىڭ بەدەننى باشقۇرۇشتىن توختاش، بەدەننىڭ روھقا ۋاسىتە بولۇشتىن چىقىپ كېتىش ۋە ئىنساننى بىئارام قىلىپ تۇرۇپ ئۇنى ماللىرىدىن ۋە ئەھلىدىن ئايرىپ، بۇ ئالەمدىن باشقا بىر ئالەمگە ئېلىپ بېرىش» دېمەكتۇر.

ئەگەر ئىنساننىڭ دۇنيادا خۇشال بولىدىغان ۋە راھەتلىنىدىغان بىر نەرسىسى بولسا، ئۆلگەندىن كېيىن ئۇ نەرسە ئۈچۈن بۈيۈك نادامەت چېكىدۇ. ئەگەر ئىنسان پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ زىكرى بىلەنلا خۇشال بولىدىغان ۋە رەببى بىلەنلا ئۈلپەتلىشىدىغان ئىنسان بولسا، ئۇنىڭ نېئمىتى چوڭ بولىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن مەھبۇبىنىڭ ئارىسى خالىي قويۇلسا، بەخت – سائادىتى مۇكەممەل بولىدۇ، شۇنداقلا ئۇ توسالغۇلار ۋە مەشغۇل قىلغۇچى ئامىللاردىن قۇتۇلىدۇ. چۈنكى، دۇنيا مەشغۇلاتلىرىنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالانىڭ زىكرىدىن مەشغۇل قىلغۇچىدۇر.

ئۇيقۇدىن ئويغانغان ئادەم ئۇيقۇسىدا بىخەۋەر نەرسىلەردىن خەۋەردار بولغىنىدەك، كىشى ئۆلۈمدىن كېيىن ھايات ۋاقتىدا بىلمىگەن ئىشلار ئايان بولىدۇ. ھەقىقەتەن، كىشىلەر بەجايىكى ئۇيقۇدىدۇر، ئۇلار ئۆلگەندە ئويغىنىدۇ. ئىنسانغا تۇنجى ئايان بولىدىغىنى ئۇنىڭ ياخشىلىق ۋە يامانلىقلىرىدىن ئۆزىگە مەنپەئەت بېرىدىغان ۋە زىيان يەتكۈزىدىغان ئەمەللەردۇر. بۇ ئەمەللەر ئۇنىڭ قەلبىنىڭ يوشۇرۇن بىر يېرىگە يېزىلغان بولۇپ، دۇنيا مەشغۇلاتلىرى ئۇنى كۆرۈشتىن ئۇ كىشىنى مەشغۇل قىلغان ئىدى. دۇنيا مەشغۇلاتلىرى ئۈزۈلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا بارلىق ئەمەللىرى ئايان بولدى. ئۇ ئىنسان بىرەر يامان ئەمىلىگە قارىسا ھەسرەت چېكىپ، ھەتتا شۇ ھەسرەتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئوتقا چۈشۈشنى تاللىغۇدەك دەرىجىدە قاتتىق نادامەت چېكىدۇ. بۇنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا ئۆلگەن چاغدا ئاشكارا بولىدۇ. بۇ ئەلەملەر ئاسىي كىشىگە دەپنە قىلىنىشنىڭ ئالدىدا ھۇجۇم قىلىدۇ. ئاللاھ تائالادىن سالامەت قىلىشىنى سورايمىز.

روھنىڭ ئۆلۈش بىلەن يوقالمايدىغانلىقىنىڭ دەلىللىرىدىن بىرى ئاللاھ تائالانىڭ بۇ سۆزىدۇر: ﴿ئاللاھنىڭ يولىدا شەھىد بولغانلارنى ئۆلۈك دەپ گۇمان قىلمىغىن، بەلكى ئۇلار تىرىك بولۇپ، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى رىزىقتىن بەھرىمەن قىلىنىدۇ (يەنى جەننەتنىڭ نېئمەتلىرىدىن ئەتىگەن ـ ئاخشامدا مەڭگۈلۈك رىزىقلاندۇرۇلۇپ تۇرىدۇ)﴾(3/«ئال ئىمران»: 169).

مەسرۇق رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «بىز ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بۇ ئايەت ھەققىدە سورىغانىدۇق، ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ‹شەھىدلەرنىڭ روھلىرى يېشىل قۇشلارنىڭ پوكىنىدا بولىدۇ. قۇشلارنىڭ ئەرشنىڭ ئاستىغا ئېسىپ قويۇلغان قونداقلىرى باردۇر. ئۇلار جەننەتتە خاھلىغان يەرگە ئۇچۇپ بارىدۇ. ئاندىن ھېلىقى قونداقلارغا قايتىپ كېلىدۇ‹ دېدى»(6).

ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿ئۇلار ئەتىگىنى – ئاخشىمى ئوتقا توغرىلىنىپ تۇرىدۇ، قىيامەت قايىم بولغان كۈندە: «ئى پىرئەۋن جامائەسى! ئازابنىڭ ئەڭ قاتتىقىغا (دوزاخ ئوتىغا) كىرىڭلار!» (دېيىلىدۇ)﴾(40/«غافىر»: 46) دېگەن سۆزىدە، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ئۆلگەندىن كېيىنمۇ ئازابلىنىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«سەھىھەين»دە ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «بىرىڭلار ئۆلۈپ كەتسە، ئۇنىڭغا ئەتىگەن ۋە كەچقۇرۇندا ئورنى كۆرسىتىلىدۇ. ئەگەر ئۇ جەننەت ئەھلىدىن بولسا، جەننەت ئەھلى قاتارىدىن ئورنى كۆرسىتىلىدۇ. ئەگەر دوزاخ ئەھلىدىن بولسا دوزاخ ئەھلى قاتارىدىن ئورنى كۆرسىتىلىدۇ. ئۇنىڭغا ‹ئاللاھ تائالا سېنى قىيامەت كۈنى تىرىلدۈرۈپ چىقارغۇچە بۇ سېنىڭ ئورنۇڭدۇر› دېيىلىدۇ»(7).

يامان ئەمەللەر ئايان بولغاندا كىشىنىڭ نادامەت چېكىپ، قاتتىق ئەلەم تارتىدىغانلىقى ئىلگىرى سۆزلەندى. مۇئمىنگە كەلسەك، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دەيدۇ: «مۇئمىننىڭ روھى تەندىن ئايرىلغاندىن كېيىن، بەجايىكى تۈرمىدىن چىقىرىلغان بىر كىشىگە ئوخشايدۇ. تۈرمىدىن چىققان كىشى زېمىننى كەڭ ھېسابلايدۇ. زېمىندا ساغلام ھالدا خاھلىغانچە ھەرىكەت قىلىدۇ. ئۆلگەندىن كېيىنلا مۇئمىنگە ئاللاھ تائالانىڭ پەزلى ۋە ھۆرمەتلىرى ئېچىلىدۇ. بۇ پەزل – ھۆرمەتلەر بىلەن دۇنيانى سېلىشتۇرغاندا دۇنيا زىندانغا ئوخشايدۇ. مىسالى مۇئمىن قاراڭغۇ بىر ئۆيگە سولىنىپ، كېيىن ھەممە تەرەپلىرى كەڭ كەتكەن بوستانلىققا ئىشىكى ئېچىلغان بىر كىشىگە ئوخشاش بولىدۇ. ئۇ بوستانلىقتا تۈرلۈك دەرەخلەر بولىدۇ. شۇ ئارقىلىق مۇئمىننى ئانىسىنىڭ قورسىقىغا قايتىش خۇشال قىلمىغىنىدەك، دۇنياغا قايتىش خۇشال قىلمايدىغان بىر ھالەت پەيدا بولىدۇ.

مۇجاھىد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «مۇئمىن ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ خۇشال بولۇشى ئۈچۈن بالىسىنىڭ ياخشى ئادەم بولغانلىقىمۇ ئۇنىڭغا خەۋەر قىلىنىدۇ».

 

قەبرىنى ئەسلەش توغرىسىدا

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «قەبرە جەننەت باغچىلىرىدىن بىر باغچا ياكى جەھەننەم ئورەكلىرىدىن بىر ئورەكتۇر»(8).

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە مۇنداق دېگەن: «مېيىت قەبرىگە قويۇلغاندا، قەبرە ئۇنىڭغا: ‹ئى ئادەم بالىسى! ۋاي ساڭا! سېنى نېمە ئالدىدى؟! مېنىڭ قاراڭغۇلۇقنىڭ، يالغۇزلۇقنىڭ ۋە قۇرت – قوڭغۇزلارنىڭ ئۆيى ئىكەنلىكىمنى بىلمىدىڭمۇ؟!› دەيدۇ»(9).

تىرمىزىي ئەبۇ سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، ئەبۇ سەئىد مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نامازگاھىغا كىردى، ئاندىن كۈلۈپ چىشلىرى چىقىپ قالغان كىشىلەرنى كۆرۈپ مۇنداق دېدى: بىلىڭلاركى! ئەگەر سىلەر لەززەتلەرنى ئۈزۈپ تاشلىغۇچى ئۆلۈمنىڭ زىكرىنى كۆپ قىلغان بولساڭلار، ئۇ سىلەرنى مەن كۆرۈۋاتقان بۇ كۈلكىدىن مەشغۇل قىلغان بولاتتى. شۇڭا، سىلەر لەززەتلەرنى ئۈزۈپ تاشلىغۇچى ئۆلۈمنى كۆپ ئەسلەڭلار. قەبرە ھەركۈنى ‹مەن غېرىبلىقنىڭ ئۆيىمەن، يالغۇزلۇقنىڭ ئۆيىمەن، تۇپراقنىڭ ئۆيىمەن، قۇرت – قوڭغۇزلارنىڭ ئۆيىمەن› دەيدۇ. مۇئمىن بەندە قەبرىگە دەپنە قىلىنغاندا، قەبرە ئۇنىڭغا: ‹خۇش كەپسىز، ياخشىمۇسىز؟ بىلىڭكى! سىز ئۈستۈمدە ماڭغان ئەڭ سۆيۈملۈك كىشى ئىدىڭىز، بۈگۈن مەن سىزگە ئىگە قىلىندىم، سىز ماڭا قايتتىڭىز، ئەمدى مېنىڭ سىزگە نېمە قىلىدىغىنىمنى كۆرگەيسىز› دەيدۇ ۋە ئۇنىڭغا كۆزى يەتكەن يەرگىچە قەبرە كېڭىيىدۇ، ئۇنىڭغا جەننەتتىن بىر ئىشىك ئېچىلىدۇ. گۇناھكار ياكى كافىر بەندە دەپنە قىلىنسا، قەبرە ئۇنىڭغا: ‹سېنى قارشى ئالمايمەن. بىلگىنكى، سەن ئۈستۈمدە ماڭغانلاردىن ئەڭ يامان كۆرىدىغان ئادىمىم ئىدىڭ، بۈگۈن مەن ساڭا ئىگە قىلىندىم، سەن مەن تەرەپكە قايتتىڭ، مېنىڭ ساڭا نېمە قىلىدىغىنىمنى كۆرىسەن!› دەيدۇ. ئاندىن قەبرە ئۇنى قىستايدۇ، ھەتتا ئۇنىڭ قوۋرۇغىلىرى بىر – بىرىگە كىرىشىپ كېتىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى بارماقلىرى بىلەن ئىشارەت قىلىپ، بىر – بىرىگە كىرىشتۈرۈپ كۆرسەتتى. ئۇنىڭغا 70 زەھەرلىك يىلان مۇسەللەت قىلىنىدۇ. ئەگەر ئۇلاردىن بىرى زېمىنغا زەھىرىنى پۈۋلىسە ئىدى، زېمىندا ھېچنەرسە ئۆسمىگەن ۋە دۇنيا يوقالغان بولاتتى. ئۇنىڭدىن ھېساب ئېلىنىپ بولغۇچە، يىلان ئۇنى چىشلەپ چاقىدۇ». پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېدى: «قەبرە جەننەتنىڭ باغچىلىرىدىن بىر باغچا ياكى جەھەننەمنىڭ ئورەكلىرىدىن بىر ئورەك بولىدۇ»(10).

كەئب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «سالىھ بەندە قەبرىسىگە قويۇلسا، ئۇنىڭ ناماز، روزا، ھەج، جىھاد ۋە سەدىقە قاتارلىق ياخشى ئەمەللىرى ئۇنى قورشاپ تۇرىدۇ. ئازاب پەرىشتىلىرى ئۇنىڭ ئىككى پۇتى تەرىپىدىن كەلسە، ناماز ئۇلارغا: ‹ئۇنىڭدىن يىراق كېتىڭلار، سىلەرنىڭ ئۇنىڭغا يېقىنلىشىشىڭلارغا يول يوق، بۇ بەندە ئاللاھ تائالا رازىلىقى ئۈچۈن نامازدا ئۇزۇن قىيامدا تۇرغان بەندە› دەيدۇ. ئازاب پەرىشتىلىرى ئۇنىڭغا بېشى تەرىپىدىن كەلسە، روزا ئۇلارغا: ‹سىلەرنىڭ ئۇنىڭغا يېقىنلىشىشىڭلارغا يول يوق، ئۇ كۆپ روزا تۇتقان بەندە› دەيدۇ. ئازاب پەرىشتىلىرى ئۇنىڭ بەدىنى تەرىپىدىن كەلسە، ھەج ۋە جىھاد ئۇلارغا: ‹ئۇنىڭدىن يىراق تۇرۇڭلار، بۇ كىشى نەپسىنى جاپا تارتقۇزغان، بەدىنىنى چارچىتىپ ئاللاھ تائالا رازىلىقى ئۈچۈن ھەج ۋە جىھاد قىلغان كىشىدۇر، سىلەرنىڭ ئۇنىڭغا يېقىنلىشىشىڭلارغا يول يوق› دەيدۇ. ئاندىن ئازاب پەرىشتىلىرى ئۇنىڭغا ئىككى قولى تەرىپىدىن كەلسە، سەدىقە: ‹بۇ ئىككى قولدىن نۇرغۇن سەدىقىلەر ئاللاھ تائالا رازىلىقىنى تىلەپ نەپىقە قىلىنىپ، ئاللاھ تائالانىڭ ئىلكىگە قويۇلدى، سىلەرنىڭ ئۇنىڭغا يېقىنلىشىشىڭلارغا يول يوق› دەيدۇ. ئاندىن ئۇ سالىھ بەندىگە: ‹خۇشاللىق ساڭا يار بولسۇن. سەن ھاياتىڭدا ۋە ئۆلۈمۈڭدە پاك بولدۇڭ› دېيىلىدۇ. ئۇنىڭ يېنىغا رەھمەت پەرىشتىلىرى كېلىپ، ئۇنىڭغا جەننەتنىڭ كۆرپە ۋە يېپىنچىلىرىنى سېلىپ بېرىدۇ، ئۇنىڭغا قەبرىسى كۆزى يەتكەن يەرگىچە كېڭەيتىلىدۇ ۋە جەننەتتىن بىر چىراغ كەلتۈرۈلىدۇ، سالىھ بەندە ئۇنىڭ نۇرىدا ئاللاھ تائالا ئۇنى قەبرىسىدىن چىقىرىپ بولغۇچە يورۇق تۇرىدۇ»(11).

«سەھىھەين»دە ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «بەندە قەبرىسىگە قويۇلۇپ، ھەمراھلىرى قەبرىدىن قايتسا، قەبرىدىكى مېيت ئەلبەتتە ئۇلارنىڭ كەشلىرىنىڭ تىۋىشلىرىنى ئاڭلايدۇ. ئۇنىڭ يېنىغا ئىككى پەرىشتە كېلىپ، ئۇنى ئولتۇرغۇزۇپ، ئۇنىڭغا: ‹بۇ مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېگەن كىشى ھەققىدە نېمە دەيسەن؟› دەيدۇ. مۇئمىن بەندە ئۇنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبىرى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ بەندىسى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىمەن› دەيدۇ. ئىككى پەرىشتە ئۇنىڭغا: ‹سېنىڭ دوزاختىكى ئورنۇڭغا قارىغىن، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئورنىغا جەننەتتە بىر ئورۇننى ئالماشتۇرۇپ بەردى› دەيدۇ. مۇئمىن بەندە ئىككىلا ئورۇننى ئېنىق كۆرىدۇ. قەبرىدىكى كىشى فاجىر ياكى كافىر بولسا، ئىككى پەرىشتە ئۇنىڭغا: ‹بۇ ئادەم (مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم) ھەققىدە نېمە دەيسەن؟› دەيدۇ. ئۇ: ‹بىلمەيمەن، كىشىلەر دېگەننى دېگەن ئىدىم› دەيدۇ. ئۇنىڭغا: ‹(ھەقنى) بىلمەپسەن ۋە (ھەق ئەلچىگە) ئەگەشمەپسەن› دېيىلىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭ ئىككى قۇلىقىنىڭ ئوتتۇرىسىغا چۇيۇن بازغانلار بىلەن قاتتىق ئۇرۇلىدۇ. ئۇ فاجىر ياكى كافىر ئاغرىقتىن شۇنداق توۋلايدۇكى، ئۇنىڭ توۋلىغىنىنى ئىنسان ۋە جىنلاردىن باشقا ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ھەممە نەرسىلەر ئاڭلايدۇ»(12).

ئەسماﺋ بىنتى ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ماڭا ‹سىلەر قەبرىلىرىڭلاردا مەسىھ دەججالنىڭ پىتنىسىگە يېقىن ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش سىنىلىسىلەر› دەپ ۋەھيى قىلىندى. قەبرىدىكى كىشىگە: ‹سەن بۇ ئادەمنى (مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى) قانداقراق بىلىسەن؟› دېيىلىدۇ. مۇئمىن ‹مەن ئۇنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبىرى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ بەندىسى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىمەن› دەيدۇ»(13).

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: «سەئىد ئىبنى مۇئازنىڭ جىنازىسى چۈشۈرۈلۈپ، بىز قەبرىنى تۈزلەپ بولغاندا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە قاراپ: ‹ھەرقانداق كىشىنى قەبرە بىر قېتىم قىستايدۇ. ئەگەر بىرەر ئادەم قەبرىنىڭ قىستىشىدىن قۇتۇلالايدىغان بولسا ئىدى، ئەلبەتتە ئۇنىڭدىن سەئىد ئىبنى مۇئاز قۇتۇلغان بولاتتى› دېدى»(14).

ئابدۇللاھ سەنئانىي مۇنداق دېگەن: «يەزىد ئىبنى ھارۇن ئۆلۈپ كېتىپ تۆت كۈندىن كېيىن، مەن ئۇنى چۈشۈمدە كۆردۈم ۋە ئۇنىڭغا:

— ئاللاھ تائالا ساڭا قانداق مۇئامىلە قىلدى؟ — دېگەنىدىم، ئۇ:

— ئاللاھ تائالا مېنىڭ ياخشىلىقلىرىمنى قوبۇل قىلدى، خاتالىقلىرىمنى ئەپۇ قىلدى، — دېدى. مەن:

— ئۇنىڭدىن كېيىنچۇ؟ — دېدىم. ئۇ:

— سېخىي زاتتىن پەقەت ھۆرمەت كەلدى. ئاللاھ تائالا مېنىڭ گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلىپ، مېنى جەننەتكە كىرگۈزدى، — دېدى. مەن:

— سەن ئېرىشكەن بۇ جەننەتكە نېمە بىلەن يەتتىڭ؟ — دېدىم. ئۇ:

— ئاللاھنىڭ پەزل – مەرھەمەتى بىلەن زىكىر سورۇنلرىدا تۇرغانلىقىم، ھەقنى دېگەنلىكىم، راستچىل بولغانلىقىم، نامازدا ئۇزۇن قىيامدا تۇرغانلىقىم، يوقسۇللۇققا سەبر قىلغانلىقىم ئۈچۈن ئېرىشتىم، — دېدى. مەن:

— مۇنكەر ۋە نەكىر ھەقمۇ؟ — دەپ سورىدىم. ئۇ:

— ھەئە، ئۇنىڭدىن باشقا ئىلاھ يوق بولغان زات ئاللاھ بىلەن قەسەمكى! ئىككى پەرىشتە مېنى ئولتۇرغۇزۇپ رەببىڭ كىم؟ دىنىڭ نېمە؟ پەيغەمبىرىڭ كىم؟ دەپ سورىدى. مەن ئاق ساقىلىمنى توپىدىن قېقىشقا باشلىدىم ۋە ‹ماڭا ئوخشاش كىشىدىن سوئال سورىلامدۇ؟ مەن يەزىد ئىبنى ھارۇن ۋاسىتى بولىمەن، مەن دۇنيادا 60 يىل كىشىلەرگە ئىلىم ئۆگەتكەنمەن› دېدىم. ئىككى پەرىشتىنىڭ بىرى: ‹ئۇ راسىت سۆزلىدى، ئۇ يەزىد ئىبنى ھارۇن. سەن يېڭى توي قىلغان كىشىدەك راھەتلىك ئۇخلىغىن. بۈگۈندىن كېيىن ساڭا ھېچ قورقۇنچ يوق› دېدى»(15).

(ئىبراھىم ئىبنى جەئفەر) ئەلمەرۋەزىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «مەن چۈشۈمدە ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلنى بىر باغچىدا كۆردۈم. ئۇنىڭ ئۈستىدە يېشىل ئىككى تون، بېشىدا بولسا نۇردىن بىر تاج بار ئىدى. ئۇ ماڭسا مەن بىلگەن مېڭىش ھالىتىدە ماڭمايتتى. مەن ئۇنىڭدىن:

— ئى ئەھمەد! بۇ مېڭىش قانداق مېڭىش، ھېچ بىلمەيدىكەنمەن؟! — دەپ سورىغانىدىم، ئۇ:

— بۇ بولسا جەننەتتىكى خىزمەتچىلەرنىڭ مېڭىشىدۇر، — دېدى.

— مەن سېنىڭ بېشىڭدا كۆرۈۋاتقان بۇ تاج قانداق تاج؟

— رەببىم مېنى توختىتىپ، مەندىن ئاسان ھېساب ئالدى. ماڭا تون كىيگۈزۈپ، ماڭا ھەدىيە بېرىپ، مېنى ئۆزىگە يېقىن قىلدى. رەببىم مېنى ئۆزىگە قارىتىپ تۇرغان ھالەتتە ماڭا بۇ تاجنى كىيدۈردى ۋە ماڭا: ‹ئى ئەھمەد! بۇ كەمتەرلىك تاجىدۇر، سەن قۇرئاننى مەخلۇق ئەمەس، ئاللاھ تائالانىڭ كالامى دېگەنلىكىڭ ئۈچۈن مەن ئۇنى ساڭا كىيدۈردۈم› دېدى»(16).

پەسىل

مېيىتنىڭ سۇر چېلىنغاندىن باشلاپ جەننەتكە ياكى دوزاخقا ئورۇنلىشىپ بولغۇچە بولغان ۋاقىتتىكى ئەھۋاللىرى توغرىسىدا
بىز قەبرىدىكى قورقۇنچلۇق ئەھۋاللارغا ئىشارەت قىلىپ ئۆتتۇق. ئۇنىڭدىنمۇ قاتتىق قورقۇنچلۇق بولغىنى سۇرنىڭ چېلىنىشى، ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش، ھېساب ئېلىنىش، تارازىنىڭ تىكلىنىشى ۋە پىلسىرات كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈش قاتارلىقلاردۇر. بۇ ئىشلارغا ئىشىنىش ۋاجىبتۇر. بۇلار ھەققىدە كۆپ ئويلىنىش كېرەك. كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ئاخىرەتكە ئىشىنىش قارار ئالمىغاندۇر. ئەگەر كىشى ھايۋاناتلارنىڭ تۇغۇپ كۆپىيىشىنى كۆزى بىلەن كۆرمىسە ئىدى، ئۇنىڭغا: ‹بىر ياراتقۇچى بۇ سېسىق مەنىيىدىن سۆزلەيدىغان، ئەقىللىق ۋە گۈزەل بىر ئادەمنى يارىتىدۇ› دېيىلسە، ئۇنىڭ تەبىئىتى بۇنى تەستىقلاشتىن بەدەر قاچقان بولاتتى. ئىنساننى شۇنچە ئاجايىباتلار ئۈزرە يارىتىش ئۇنى ئۆلگەندىن كېيىن، قايتا يارىتىشنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. بىر ئىنسان ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنى باشتا يوقلۇقتىن ياراتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۆلگەندىن كېيىن ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنى قايتا يارىتىدىغانلىقىنى قانداقمۇ ئىنكار قىلسۇن؟! ئەگەر سېنىڭ ئىمانىڭدا ئاجىزلىق بولسا، دەسلەپتىكى يارىتىلىشىڭغا قاراپ ئىمانىڭنى كۈچلەندۈرگىن! ئۆلگەندىن كېيىن قايتا يارىتىلىش دەسلەپتە ياراتقانغا ئوخشايدۇ، بەلكى دەسلەپتە ياراتقاندىن ئاسانراق بولىدۇ. ئەگەر سەن تىرىلىشكە ئىمانى كۈچلۈك كىشى بولساڭ، قەلبىڭگە شۇ قورقۇنچلارنى ۋە خەتەرلەرنى ھېس قىلدۇرغىن! شۇ قورقۇنچلۇق ھاللار ھەققىدە كۆپ تەپەككۇر قىلغىن ۋە كۆپ ئىبرەت ئالغىن! بۇ سېنىڭ ئەمەل – ئىبادەت قىلىشتا تىرىشچانلىق قىلىشڭغا تۈرتكە بولىدۇ.

ئىسرافىل ئەلەيھىسسالام سۇر چالغاندا، سۇر تۇنجى قېتىم ئۆلۈكلەرنىڭ قۇلاقلىرىغا ئۇرۇلىدۇ. نىدا تەرەپكە كۆزۈڭ چەكچەيگەن، خۇدۇڭنى يوقاتقان، گالۋاڭ ھالەتتە ماڭىدىغانلىقىڭنى كۆز ئالدىڭغا كەلتۈرگىن. ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿(ئىككىنچى قېتىملىق) سۇر چېلىنغان ھامان ئۇلار قەبرىلىرىدىن چىقىپ پەرۋەردىگارى تەرەپكە يۈگۈرىدۇ﴾(36/«ياسىن»: 51).

ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹مەن قانداقمۇ نېئمەتكە چۆمەيكى، سۇر ساھىبى ئىسرافىل ئەلەيھىسسالام پېشانىسىنى مايىل قىلىپ، ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇقىغا قۇلاق سېلىپ، سۇر چېلىشنى كۈتۈۋاتقان، سۇر چېلىشقا بۇيرۇلسا ﴿سۇر چالىدىغان تۇرسا!﴾(6/«ئەنئام»: 73)› دېگەنىدى، مۇسۇلمانلار:

ــ ئى ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبىرى! نېمە دەيمىز؟ ــ دېدى. رەسۇلى ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

ــ ﴿ئاللاھ تائالا بىزگە يېتەر، ئاللاھ تائالا نېمىدېگەن ياخشى ھامىي – ھە! ﴾ (3/«ئال ئىمران»: 173) بىز ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۈل قىلدۇق، دەڭلار، ــ دېدى»(17).

ئاندىن كىشىلەرنىڭ قىيامەت كۈنى قانداق توپلىنىدىغانلىقىغا قارىغىن! ئۇلار قەبرىدىن چىققاندىن كېيىن، مەھشەرگاھقا يالىڭاچ ۋە يالاڭ ئاياغ ھالەتتە ھەيدىلىدۇ. مەھشەرگاھ ئىنسان يوشۇرۇنۇۋالالمايدىغان، دۆڭلۈك يوق تۈپتۈز بىر زېمىندۇر.

«سەھىھەين»دىكى بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «قىيامەت كۈنى كىشىلەر بىر تال ئاق توقاچ ناندەك قىزغۇچ ئاق بىر زېمىن ئۈستىگە توپلىنىدۇ»(18).

ئاندىن سەن مەھشەر قىستاڭچىلىقىنى، قۇياشنىڭ خالايىقنىڭ بېشىغا يېقىنلىشىشىنى ۋە ئۇلارنىڭ قەلبلىرىدە شۇنچە قورقۇنچلار بىلەن تەرلەپ كېتىشلىرىنى ئويلىغىن!

ھەدىستە: «كىشىلەر ئەمەللىرىنىڭ مىقدارىچە تەرگە چۆمىدۇ» دەپ كەلگەن(19).

ئەي بىچارە ئىنسان! پەرۋەردىگارىڭنىڭ سەندىن قىلغان ئەمەللىرىڭنى بىۋاسىتە سورايدىغانلىقىنى ئويلانغىن!

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «كىشىلەر قىيامەت كۈنى ئۈچ قېتىم كۆزدىن كەچۈرۈلىدۇ، ئىككى قېتىم كۆزدىن كەچۈرۈلۈشتە جېدەل – ماجرا ۋە ئۆزۈر ئېيتىشلار بولىدۇ. ئۈچىنچى قېتىم كۆزدىن كەچۈرۈلۈشتە بولسا نامە – ئەمەللەر ئۇچىدۇ، بەزىلەر نامە – ئەمەللىرىنى ئوڭ قولى بىلەن تۇتىدۇ، بەزىلەر بولسا سول قولى بىلەن تۇتىدۇ»(20).

ئەبۇ بەرزە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «قىيامەت كۈنى بەندىنىڭ ئىككى پۇتى رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا ئۆمرىنى نېمىگە سەرپ قىلغىنىدىن، ئىلمىنى قانداق قىلغىنىدىن، مېلىنى نەدىن تاپقىنى ۋە نېمىگە خىراجەت قىلغىنىدىن ۋە تېنىنى نېمىدە تۈگەشتۈرگىنىدىن سوراققا تارتىلمىغۇچە جايىدىن مىدىرلىمايدۇ»(21).

«سەھىھەين»دە سەفۋان ئىبنى مۇھرىز مۇنداق دېگەن: «مەن ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇراتتىم، بىر ئادەم ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ:

— سەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قىيامەت كۈنىدە ئاللاھ تائالانىڭ بەندىگە قىلىدىغان خىتابى ھەققىدە نېمىلەرنى دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىڭ؟ — دەپ سورىغانىدى، ئىبنى ئۆمەر:

— مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: ‹ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە مۇئمىن بەندىسىنى ئۆزىگە يېقىن قىلىپ، ئۇنى ئۆز پەردىسى بىلەن يېپىپ كىشىلەردىن ئايرىيدۇ. ئۇنىڭغا گۇناھلىرىنى ساناپ، مۇنداق گۇناھلارنى قىلغانلىقىڭنى بىلەمسەن؟ مۇنداق گۇناھلارنى قىلغانلىقىڭنى بىلەمسەن؟ دەپ قىلغان گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلدۇرىدۇ. مۇئمىن كۆڭلىدە ئۆزىنى ھالاك بولدۇم دەپ ئويلىغاندا، ئاللاھ: ”مەن ئۇ گۇناھلىرىڭنى دۇنيادا ياپتىم، مانا بۈگۈن مەغپىرەت قىلىمەن“ دەيدۇ. ئاندىن ئۇنىڭغا ياخشى ئەمەللىرى يېزىلغان كىتابى بېرىلىدۇ. كافىر ۋە مۇناپىقلارغا كەلسەك ﴿ئۇلار (قىيامەت كۈنى) پەرۋەردىگارىغا كۆرسىتىلىدۇ. گۇۋاھچىلار: «بۇلار پەرۋەردىگارى ھەققىدە يالغان سۆزلىگەنلەردۇر» دەيدۇ. راستلا ئاللاھنىڭ لەنىتى زالىملارغا بولىدۇ (يەنى ئاللاھ زالىملارنى رەھمىتىدىن يىراق قىلىدۇ)﴾(11/«ھۇد»: 18) ›»(22).

«سەھىھەين»دە كەلگەن ئەبۇ سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىدە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «جەھەننەم ئۈستىگە بىر كۆۋرۈك تارتىلىدۇ، مەن ئۇنىڭدىن تۇنجى ئۆتىدىغان كىشىمەن»(23).

«سەھىھەين»دە يەنە مۇنداق كەلگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— بىر كۆۋرۈك كەلتۈرۈلۈپ، جەھەننەمنىڭ ئوتتۇرىسىدا قىلىنىدۇ، — دېگەنىدى، ساھابەلەر:

— نېمە كۆۋرۈك؟ — دەپ سورىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— ئۇ كۆۋرۈك تېيىلغاق ۋە مۇستەھكەم تۇرغىلى بولمايدىغان بىر جايدۇر. ئۇنىڭ ئۈستىدە قارماقلار، ئىلمەكلەر، تىكەنلىك سىملار باردۇر. بەزى مۇئمىنلەر ئۇ كۆۋرۈكتىن كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلىك ۋاقىتتا ئۆتۈپ كېتىدۇ، بەزىلەر چاقماقتەك، قۇيۇندەك، يۈگۈرۈك ئات ۋە چاپقۇر تۆگىدەك تېزلا ئۆتۈپ كېتىدۇ. بەزىلەر ئامان قېلىپ قۇتۇلىدۇ، بەزىلەر بولسا يارىلىنىپ قۇتۇلىدۇ، ھەتتا ئاخىرىدا ئۆتىدىغانلار قاتتىق سۆرۈلۈپ ئۆتىدۇ»(24).

 

ئىمام ئىبنى قۇدامە ئەلمەقدىسىينىڭ: «مۇختەسەرۇ مىنھاجۇل قاسىدىن» كىتابىدىن.

تەرجىـــمە قىلـــــغۇچى: ئابدۇللاھ ئابدۇلمەجىد


1. ئىبنى ماجە (1569). ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى. ئالبانىي: («ئەلئىرۋاﺋ»، 772) «سەھىھ» دېگەن. ئىمام مۇسلىممۇ (976) ئوخشاش مەزمۇندا رىۋايەت قىلغان.
2. ئىبنى ئەبىددۇنيا: «چۈشلەر (المنامات)»، (58)؛ ئىمام بىقائىي: «روھنىڭ سىرى (سر الروح)»، 124 – بەت. سەنەدى زەئىف.
3. بەيھەقىي: «شۇئەبۇلئىمان»، (7528)؛ ئىبنۇلجەۋزىي: «قەبرىلەرنىڭ دەھشەتلىرى (أهوال القبور)»، 145 – بەت.
4. بەيھەقىي: «شۇئەبۇلئىمان»، (8859)؛ ئىبنۇلجەۋزىي: «قەبرىلەرنىڭ دەھشەتلىرى»، 218 – بەت.
5. بەيھەقىي: «شۇئەبۇلئىمان»، (8860)؛ ئىبنۇلجەۋزىي: «قەبرىلەرنىڭ دەھشەتلىرى»، 218 – بەت.
6. مۇسلىم (1887).
7. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1380)؛ مۇسلىم (2866).
8. تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، 1205. ئالبانىي: («زەئىفۇلجاﻣﯩﺌ»، 1231) «زەئىف» دېگەن. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
9. ئىبنى ئەبىددۇنيا: «ئەتتەۋازۇئۇ ۋەلخۇمۇل»، 281 – بەت؛ تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، (18377). ئىراقىي: («تەخرىجۇ ئەھادىيسى ئىھياﺋ»، 4/221) «زەئىف» دېگەن. ئەبۇلھەجاج ئەسسەمالىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
10. تىرمىزىي (2460)؛ تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، (1205). ئالبانىي: («زەئىفۇلجاﻣﯩﺌ»، 1231) «زەئىف» دېگەن. ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
11. ئىبنۇلجەۋزىي: «قەبرىلەرنىڭ دەھشەتلىرى»، 58 – بەت.
12. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1338)؛ مۇسلىم (2870).
13. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (86)؛ مۇسلىم (905).
14. ئەھمەد (24707)؛ ئىبنى ھىببان (3112). ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايىتى. شۇئەيب ئەلئەرنائۇت بىلەن ئالبانىي: («سەھىھۇلجاﻣﯩﺌ»، 2180) «سەھىھ» دېگەن.
15. خەتىب ئەلباغدادىي: «مۇھەددىسلەرنىڭ شەرەفى (شرف أصحاب الحديث)»، 276 – بەت.
16. ئەبۇ نۇئەيم: «ھىليەتۇل ئەۋلىياﺋ»، 9/189.
17. ئەھمەد (11714)؛ تىرمىزىي (2431، 2585، 3243). ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 2079) «سەھىھ» دېگەن.
18. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6521)؛ مۇسلىم (2790). سەھل ئىبنى سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەنھۇما رىۋايىتى.
19. مۇسلىم (2864). مىقداد ئىبنى ئەلئەسۋەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
20. ئەھمەد (19730)؛ تىرمىزىي (2425). ئالبانىي: («زەئىفۇلجاﻣﯩﺌ»، 6432) «زەئىف» دېگەن.
21. تىرمىزىي (2417)؛ دارىمىي (537). ئالبانىي: («سەھىھۇلجاﻣﯩﺌ»، 7300) «سەھىھ» دېگەن.
22. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (2441)؛ مۇسلىم (2768).
23. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (806)؛ مۇسلىم (182).
24. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (7439)؛ مۇسلىم (183). ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.

Please follow and like us: