پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋە توغرا يولدا بولغان خەلىپىلەرنىڭ ۋاپاتى

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋە توغرا يولدا بولغان خەلىپىلەرنىڭ ۋاپاتى

شۇنى بىلگىنكى، بارچە ئەھۋاللاردا ﴿رەسۇلۇللاھ ئەلبەتتە ياخشى ئۈلگىدۇر﴾ (33/«ئەھزاب»: 21). ھەممىگە مەئلۇمكى، ئاللاھ تائالا ئۈچۈن مەخلۇقاتلار ئىچىدە رەسۇلۇللاھتىنمۇ سۆيۈملۈك ھېچكىم يوقتۇر.

شۇنداق تۇرۇپ ئاللاھ تائالا رەسۇل سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ئەجىلى توشقاندا كېچىكتۈرمەي ئېلىپ كەتتى. ئۇ زات ئۆلۈم ئاغرىقىنى تارتتى. ئىمام بۇخارىي ئۆز «جامىئۇسسەھىھ»ىدە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە ئائىشە ئانىمىز مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئالدىدا ياغاچتىن ياكى تېرىدىن ياسالغان، ئىچىدە سۇ بار بىر قاچا بار ئىدى. ئۇ زات قولىنى قاچىغا تىقىپ، قولى بىلەن يۈزىنى سۈرتۈپ: ‹ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر. ئۆلۈمنىڭ ھەقىقەتەن سەكرات ئاغرىقلىرى باردۇر› دېدى»(1).

«بۇخارىي»دىكى يەنە بىر ھەدىستە ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كېسىلى ئېغىرلاشقاندا ئاغرىق رەسۇلۇللاھنى ئارىلاپ – ئارىلاپ قاتتىق بىئارام قىلغىلى تۇردى، قىزى فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: ‹ۋاي ئاتامنىڭ بىئاراملىقى!› دېگىلى تۇرغان ئىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا: «ئەمدى بۈگۈندىن كېيىن ئاتىڭىزغا بىئاراملىق يوق› دېدى»(2).

ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «بىز ئانىمىز ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئۆيىگە توپلاندۇق. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە قاراپ ياش تۆكتى. ئاندىن بىزگە ئۆزىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى يەتكۈزۈپ:

— خۇش كەپسىلەر! ئاللاھ تائالا سىلەرنى سالامەت قىلسۇن، سىلەرنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن. سىلەرنى جەم قىلسۇن، سىلەرگە ياردەم بەرسۇن. سىلەرنى ياخشى ئىشلارغا مۇۋەپپەق قىلسۇن ۋە سىلەرگە مەنپەئەت بەرسۇن. ماقامىڭلارنى كۆتۈرسۇن. سىلەرنى ساغلام قىلسۇن. سىلەرگە ئاللاھ تائالادىن قورقۇشنى ۋەسىيەت قىلىمەن، ئاللاھ تائالاغا سىلەرنى تاپىلايمەن ۋە تاپشۇرىمەن، — دېگەنىدى، بىز:

— ئى رەسۇلۇللاھ! بۇ ئەجەل خەۋىرىمۇ؟ — دېدۇق. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— ئەجەل يېقىنلاشتى. ئاللاھ تائالا تەرەپكە، سىدرەتۇل مۇنتەھاغا، جەننەتۇل مەئۋاغا، ئالىي فىردەۋس جەننىتىگە قايتىش ۋاقتى يېقىنلاشتى، — دېدى. بىز:

— ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! جانابلىرىنى نېمىدە كېپەنلەيمىز؟ — دېدۇق. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— خاھلىساڭلار مېنىڭ بۇ كىيمىمدە ياكى يەمەندىن كەلتۈرۈلگەن يوللۇق توندا، ياكى ئاق رەختتە كېپەنلەڭلار، — دېدى. بىز:

— ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! نامازلىرىنى كىم چۈشۈرسۇن؟ — دېدۇق ۋە يىغلىدۇق. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— ئالدىرىماڭلار! ئاللاھ سىلەرگە رەھمەت قىلسۇن! سىلەرگە پەيغەمبىرىڭلاردىن ياخشى مۇكاپات بەرسۇن! مېنى يۇيۇپ، كېپەنلەپ بولغاندىن كېيىن، قەبرەمنىڭ يېنىدىكى ئۇشبۇ تەختىراۋانغا قويۇڭلار! ئاندىن يېنىمدىن بىر مۇددەت چىقىپ تۇرۇڭلار! چۈنكى، مېنىڭ نامىزىمنى ئەۋۋەلا دوستۇم ۋە يارەنىم جىبرىل ئەلەيھىسسالام، ئاندىن مىكائىل ئەلەيھىسسالام، ئاندىن ئىسرافىل ئەلەيھىسسالام، ئاندىن ئەزرائىل ۋە ئاندىن باشقا كۆپ پەرىشتىلەر چۈشۈرىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن سىلەر مېنىڭ يېنىمغا توپ – توپ بولۇپ كىرىڭلار! ئاندىن نامىزىمنى چۈشۈرۈڭلار ۋە سالام يوللاڭلار! مېنى مەدھىيەلەش ياكى داد – پەرياد چېكىش، ياكى ئۈن سېلىپ يىغلاش بىلەن ماڭا ئەزىيەت بەرمەڭلار! ماڭا ئاۋۋال ئەھلى بەيتىمدىن ئەرلەر ناماز ئوقۇسۇن! ئاندىن ئۇلارنىڭ ئاياللىرى، ئاندىن سىلەر ناماز ئوقۇڭلار. ساھابەلىرىمدىن بۇ يەردە يوقلارغا ۋە مېنىڭ دىنىمغا قىيامەت كۈنىگىچە ئەگەشكەنلەرگە سالامىمنى يەتكۈزۈپ قويۇڭلار! بىلىڭلاركى! مەن ئىسلامغا كىرگەن ھەربىر كىشىگە سالام يوللىغىنىمغا سىلەرنى گۇۋاھ قىلىمەن»(3).

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋاپات بولۇشتىن ئۈچ كۈن بۇرۇن ئۇنىڭ يېنىغا جىبرىل ئەلەيھىسسالام كىرىپ مۇنداق دېگەن:

— ئى ئەھمەد! ئاللاھ تائالا ئەھۋالىڭنى بىلىپ تۇرۇپ، مېنى يېنىڭغا: ‹ئۆزۈڭنى قانداق ھېس قىلىۋاتىسەن؟› دەپ سوراپ بېقىشىم ئۈچۈن ئەۋەتتى، — دېگەنىدى، رەسۇلۇللاھ:

— ئى جىبرىل! ئۆزۈمنى قايغۇلۇق ھېس قىلىۋاتىمەن. ئى جىبرىل! ئۆزۈمنى دەرد – ئەلەمگە مۇپتىلا بولغان ھالەتتە ھېس قىلىۋاتىمەن، — دېدى. جىبرىل ئەلەيھىسسالام ئىككىنچى كۈنى كېلىپ يەنە شۇنداق دېگەنىدى، رەسۇلۇللاھمۇ ئوخشاش جاۋابنى بەردى. جىبرىل ئۈچىنچى كۈنى يەنە كېلىپ سۆزىنى قايتىلىدى. رەسۇلى ئەكرەممۇ يەنە ئوخشاش جاۋابنى بەردى. شۇ ۋاقىتتا ئۆلۈم پەرىشتىسى كىرىشكە رۇخسەت سورىدى. جىبرىل ئەلەيھىسسالام:

— ئى ئەھمەد! ھازىر ئۆلۈم پەرىشتىسى يېنىڭغا كىرىشكە رۇخسەت سوراۋاتىدۇ، سەندىن ئىلگىرى بىرەر ئادەمنىڭ يېنىغا كىرىشكە رۇخسەت سوراپ باقمىغان ۋە سەندىن كېيىن بىرەر ئادەمنىڭ يېنىغا كىرىشكە رۇخسەت سورىمايدۇ، — دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— كىرسۇن، — دېدى. ئۆلۈم پەرىشتىسى كىرىپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ:

— مېنى يېنىڭغا ئاللاھ تائالا ئەۋەتتى ۋە مېنى ساڭا ئىتائەت قىلىشقا بۇيرۇدى. ئەگەر جېنىڭنى ئېلىشىمغا بۇيرۇساڭ، جېنىڭنى ئالىمەن. ئەگەر جېنىڭنى ئالماسلىققا بۇيرۇساڭ ئالمايمەن، — دېدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— ئى ئۆلۈم پەرىشتىسى! شۇنداق قىلامسەن؟ — دېگەنىدى، ئۆلۈم پەرىشتىسى:

— مەن ساڭا ئىتائەت قىلىشقا بۇيرۇلدۇم، — دېدى. جىبرىل ئەلەيھىسسالام:

— ئى ئەھمەد! ئاللاھ تائالا سېنى سېغىندى، — دېدى. رەسۇلۇللاھ:

— ئى ئۆلۈم پەرىشتىسى! بۇيرۇلغان ئىشنى ئىجرا قىلغىن، — دېدى. جىبرىل ئەلەيھىسسالام:

— ساڭا سالام! ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! بۇ مېنىڭ زېمىندىكى ئەڭ ئاخىرقى قەدىمىمدۇر. مەن دۇنياغا سېنى دەپ چۈشەتتىم، — دېدى»(4).

ئاندىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ كۆكسىگە يۆلەنگەن ھالىتىدە ۋاپات بولدى. شۇ چاغدا ئۇنىڭ ئۈستىدە ياماق سېلىنغان بىر ئۈست كىيىم ۋە قېلىن بىر تامبال بار ئىدى(5).

فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئاتىسى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋاپات بولغاندا مۇنداق مەرسىيە ئوقۇغانىدى:

چاقىرغان رەببىگە ئىجابەت قىلغان دادام!

ئورنى فىردەۋىس جەننەتى بولغان دادام!

جىبرىلغا ئۆلۈم خەۋىرىنى يەتكۈزىمىز،

رەببىگە بەك يېقىن بولغان دادام!

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دەپنە قىلىنغاندا، فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «ئى ئەنەس! ئاللاھ رەسۇلى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۈستىگە توپا چېچىشقا قانداق كۆڭلۈڭلار ئۇنىدى!» دېگەن(6).

ئەبۇبەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە مەرسىيە ئوقۇپ مۇنداق دېگەن:

نەبىيىمنى كۆرگەنىمدە ياتار ئەردى،

ئەمدى كەڭرى زېمىن ماڭا تار بولدى،

ھەق رەسۇلغە شەيدا ئىدىم، بەك چۆچۈدۈم،

دەرمانىم يوق، بەش ئەزايىم سۇندى قالدى.

قېرىدىڭمۇ قارا تۇپراق ئالار دوستۇڭ،

چېكىپ ھەسرەت يالغۇزلۇق ئەجەب باستى،

ۋادەرىخا! ھەبىبىم ئۆلمەي تۇرۇپ،

ئىز قالدۇرۇپ قەبرەمدە تاش ياتسا ئىدى(7).

 

ئەبۇبەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ۋاپاتى توغرىسىدا
ئەبۇلمەلىھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتىدۇ: «ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋاپاتى يېقىنلاشقاندا، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى چاقىرىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتتى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كەلگەندە، ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: ‹مەن ساڭا ۋەسىيەت قىلماقچىمەن، ئۇنى قوبۇل قىلغىن! كېچىدە ئاللاھ تائالانىڭ كۈندۈزى قوبۇل قىلمايدىغان ھەققى بولىدۇ. كۈندۈزدە ئاللاھ تائالانىڭ كېچىسى قوبۇل قىلمايدىغان ھەققى بولىدۇ. پەرزنى ئادا قىلمىغۇچە ئاللاھ تائالا نەپلە ئەمەلنى قوبۇل قىلمايدۇ. ئاخىرەتتە ﴿تارازىسى ئېغىر كەلگەن كىشى﴾(101/«قارىئە»: 6) لەر ئۇلار دۇنيادا ھەقكە ئەگەشكەنلىكى ۋە ھەق ئۇلارغا ئېغىر باسقانلىقى ئۈچۈنلا تارازىسى ئېغىر كېلىدۇ. ھەقىقەت قويۇلغان تارازىنىڭ ئېغىر كېلىشى ھەقتۇر. ﴿تارازىسى يەڭگىل كەلگەن كىشى﴾(101/«قارىئە»: 8؛ 7/«ئەئراف»: 9؛ 23/«مۇئمىنۇن»: 104) لەرنىڭ تارازىسى ئۇلارنىڭ دۇنيادا باتىلغا ئەگەشكەنلىكى، باتىلنىڭ ئۇلارغا يەڭگىل بولغانلىقى ئۈچۈن يەڭگىل كېلىدۇ. باتىل قويۇلغان تارازىنىڭ يەڭگىل كېلىشى ھەقتۇر.

بەندە ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىگە قىزىققۇچى، ئازابىدىن قورققۇچى بولۇشى، نەپسىنى ھالاكەتكە تاشلىماسلىقى ۋە ئاللاھ تائالادىن خاتا ئۈمىدلەرنى قىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئاللاھ تائالانىڭ ئۈمىد ئايىتىنى قاتتىق تەھدىت ئايىتىنىڭ قېشىدا، قاتتىق تەھدىت ئايىتىنى ئۈمىد ئايىتىنىڭ قېشىدا چۈشۈرگەنلىكىگە قارىغىنا؟! سەن مېنىڭ بۇ ۋەسىيىتىم بويىچە ئىش قىلىدىغان بولساڭ، كۆزۈڭ كۆرمىگەن نەرسىلەر ئىچىدىن ساڭا ئۆلۈمدىنمۇ سۆيۈملۈكى بولمايدۇ. چۈنكى، سەن ئۇنى ھامان تېتىماي قالمايسەن. ئەگەر سەن بۇ ۋەسىيتىمنى زايە قىلىدىغان بولساڭ، كۆزۈڭ كۆرمىگەن نەرسىلەر ئىچىدىن ساڭا ئۆلۈمدىن يامان كۆرۈلىدىغىنى بولمايدۇ. سەن ئۇنى ھامان تېتىماي قالمايسەن. سەن ئۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلالمايسەن›»(8).

دەرلەركى: ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئۆلۈم كەلگەندە، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بۇ بېيىتىنى ئوقۇغانىكەن:

قەسەم قىلىمەن! ياش يىگىتكە ھېچ ئەسقاتماس بايلىق،

جان چىقىپ ھەلقۇمغا كېلىپ، كۆكسى سىقىلغاندا قاتتىق.

ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇنى ئاڭلاپ يۈزىنى ئېچىپ، ئۇنداق ئەمەس، مۇنداق دەڭ دېدى: ﴿ئۆلۈمنىڭ سەكراتى ھەقىقەتنى ئېلىپ كەلدى (يەنى ئاخىرەتنى ئىنكار قىلغۇچى ئاخىرەتنىڭ دەھشىتىنى ئېنىق كۆرىدۇ)، سەن ئۇنىڭدىن (يەنى ئۆلۈمدىن) قاچاتتىڭ﴾(50/«قاف»: 19). ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يەنە: «مېنىڭ بۇ ئىككى كىيىمىمگە قاراڭلار! ئىككىسىنى يۇيۇپ، مېنى شۇنىڭدا كېپەنلەڭلار. چۈنكى، تىرىك كىشى ئۆلۈككە قارىغاندا، يېڭى كىيىمگە بەكرەك موھتاجدۇر» دېدى(9).

 

ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ۋاپاتى توغرىسىدا
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: «(ئاتام) ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا خەنجەر ئۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۆيگە ئېلىپ كېلىندى. ئۇ شۇ خەنجەر زەربىسى بىلەن ۋاپات بولغان ئىدى. بىر كۈنى (ئاتام) بېشى مېنىڭ كۆكسۈمگە يۆلەنگەن ھالدا ماڭا:

— مەڭزىمنى يەرگە قويغىن، — دېدى. مەن:

— بېشىڭ مېنىڭ كۆكسۈمدە بولسۇن ياكى يەردە بولسۇن، ئوخشاش ئەمەسمۇ؟! — دېدىم. مەن ئۇنى مېنى مالال قىلماسلىق ئۈچۈن دېدى دەپ ئويلاپ، ئۇنىڭ دېگىنى بويىچە قىلمىغان ئىدىم. ئۆمەر:

— ھەي يېتىم! مەڭزىمنى يەرگە قويغىن! رەببىم ماڭا رەھىم قىلمىسا، ۋاي مېنىڭ ھالىمغا! ۋاي ئانامنىڭ ھالىغا! (يەنى ئانامنىڭ مېنى تۇغقانلىقى ئۈچۈن) — دېدى»(10).

يەنە رىۋايەت قىلىنىدۇكى، «ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا خەنجەر ئۇرۇلۇپ، ئۆيىگە ئېلىپ كېلىنگەندىن كېيىن كىشىلەر كېلىپ ئۇنى ماختىدى. كەلگەنلەر ئىچىدە بىر ياش يىگىت بار ئىدى. ئۇ ياش يىگىت:

— ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! ئاللاھ تائالا تەرەپتىن كەلگەن بېشارەتكە خۇشال بولغىن. سەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ھەمراھ بولدۇڭ. مەن سېنىڭ ئىسلامغا باشتىلا كىرگەنلىكىڭنى بىلىمەن. ئاندىن سەن خەلىفە قىلىندىڭ ۋە ئادىل بولدۇڭ، مانا ئەمدى شەھىدلىككە نائىل بولىسەن، — دېدى. ئۆمەر:

— مەن بۇ ئىشلارنىڭ مېنىڭ نە زىيىنىمغا ۋە نە پايدامغا بولۇشىنى ئارزۇ قىلمايمەن، — دېدى. ئاندىن:

— ئى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر! مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يېنىغا بارغىن ۋە ئۇنىڭغا: ‹ئۆمەر سىزگە سالام دەيدۇ› دېگىن. ‹مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى سالام دەيدۇ› دېمىگىن. چۈنكى، مەن بۈگۈن مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى ئەمەسمەن. ئائىشەگە يەنە: ‹ئۆمەر ئىبنى خەتتاب ئۆزىنىڭ ئىككى ھەمراھىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىنىشقا رۇخسەت سورايدۇ› دېگىن، — دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر يۈرۈپ كەتتى ۋە سالام قىلىپ ئائىشەنىڭ يېنىغا كىرىشكە رۇخسەت سورىدى. ئاندىن ئائىشەنىڭ يېنىغا كىردى. ئائىشە ئولتۇرۇپ يىغلاۋاتقان ئىدى. ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر ئائىشەگە:

— ئۆمەر سىزگە سالام دەيدۇ ۋە ئىككى ھەمراھىنىڭ قېشىغا دەپنە قىلىنىشىغا سىزدىن رۇخسەت سورايدۇ، — دېگەنىدى، ئائىشە:

— ئۇ ئورۇننى مەن ئۆزۈمگە قالدۇرغان ئىدىم. بۈگۈن ئۇ ئورۇننى ئۆمەرگە ئۆتۈنىمەن، — دېدى. ئابدۇللاھ ئائىشەنىڭ يېنىدىن كەلگەندە، ئۆمەرگە:

— ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر كەلدى، — دېيىلگەنىدى، ئۆمەر:

— مېنى كۆتۈرۈڭلار، — دېدى. ئاندىن ئۇنى بىر ئادەم ئۆزىگە يۆلەپ تۇرغۇزدى. ئۆمەر:

— قانداق بولدى؟ — دېدى. ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر:

— مۇرادىڭ ھاسىل بولدى، ئائىشە سېنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىنىشىڭغا رۇخسەت قىلدى، — دېدى. ئۆمەر:

— ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇسانالار بولسۇن. ماڭا بۇنىڭدىن سۆيۈملۈك ھېچنەرسە يوقتۇر. مەن ئۆلگەندىن كېيىن جىنازەمنى كۆتۈرۈڭلار، ئاندىن ئائىشەنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئائىشەگە سالام قىلىڭلار ۋە ‹ئۆمەر ئىبنى خەتتاب كىرىشكە رۇخسەت سورايدۇ› دەڭلار. ئەگەر ئائىشە رۇخسەت قىلسا، مېنى ئۆيگە كىرگۈزۈڭلار، ئەگەر رەت قىلسا مېنى مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىڭلار، — دېدى»(11).

«مۇسلىم»دا رىۋايەت قىلىنغان مىسۋەر ئىبنى مەخرەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ ھەدىسىدە، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى! ئەگەر مېنىڭ زېمىنغا لىق كەلگۈدەك ئالتۇنۇم بولىدىغان بولسا، ئاللاھ تائالانىڭ ئازابى كېلىشتىن بۇرۇن (قۇتۇلۇش ئۈچۈن)، ئۇنى سەدىقە قىلىۋەتكەن بولاتتىم» دېگەن(12).

يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى! ئەگەر چىققان قۇياشقا ياكى پاتقان قۇياشقا شاھىد بولغان نەرسىلەر (يەنى ھەممە نەرسە) مېنىڭ بولغان تەقدىردىمۇ، ئەلبەتتە ئۇنى ئۆلۈمنىڭ قورقۇنچىسىغا فىدىيە قىلغان بولاتتىم»(13) دېگەندۇر.

 

ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ۋاپاتى توغرىسىدا
ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئايالى نائىلە بىنتى فەرافىسە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: «ئوسمان ئۆلتۈرۈلۈشتىن بىر كۈن ئىلگىرى روزا تۇتقان ئىدى. ئىپتار ۋاقتى كەلگەندە، ئۆينى قورشىۋالغانلاردىن تاتلىق سۇ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى، ئەمما ئۇلار بەرمىدى. ئوسمان شۇ سەۋەبتىن ئىپتار قىلماي ئۇخلىدى. سەھەر ۋاقتى بولغاندا، مەن ئۆگزىمىز تۇتاش ئايال قوشنىلىرىمنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ تاتلىق سۇ سورىدىم. ئۇلار ماڭا كىچىك بىر ساپال قاچىدا سۇ بەردى. مەن سۇنى ئۆيگە ئېلىپ كېلىپ، ئوسماننى مىدىرلاتقان ئىدىم، ئۇ ئويغاندى. مەن ‹مانا تاتلىق سۇ› دېدىم. ئوسمان بېشىنى كۆتۈرۈپ تاڭغا قارىدى ۋە: ‹مەن روزا تۇتتۇم، ماڭا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ تورۇستىن كۆرۈندى. ئۇنىڭ قولىدا تاتلىق سۇ بار ئىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ماڭا: ”ئىچكىن“ دېدى. مەن سۇ ئىچىپ قاندىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ”يەنە ئىچكىن“ دېدى. مەن يەنە ئىچىپ ئىككىنچى قېتىم سۇغا قاندىم. ئاندىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ”بۇ كىشىلەر سېنى ئىنكار قىلىدۇ. ئەگەر ئۇلارغا قارشى ئۇرۇشساڭ، ئۇلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىسەن. ئەگەر ئۇرۇشمىساڭ، بىزنىڭ قېشىمىزدا ئىپتار قىلىسەن“ دېدى›». ئوسماننىڭ ئايالى دەيدۇ: «ئۇلار شۇ كۈنى كىرىپ ئوسماننى ئۆلتۈرۈۋەتتى»(14).

ئەلاﺋ ئىبنى فۇزەيل دادىسىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «ئوسمان ئىبنى ئەففان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇلار ئۇنىڭ ئاشلىق سېڭىنى ئاختۇردى. ئۇلار ساڭدىن قۇلۇپ سېلىنغان بىر ساندۇقنى تاپتى ۋە ساندۇقنى ئاچتى. ساندۇقتا بىر كىچىك قاچىدا بىر ۋاراقچە بار بولۇپ، ۋاراقچىدە مۇنۇلار يېزىلغانىدى:

‹بۇ ئوسماننىڭ ۋەسىيەتنامىسىدۇر، ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن)، ئوسمان ئىبنى ئەففان گۇۋاھلىق بېرىدۇكى، ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، مۇھەممەد ئاللاھ تائالانىڭ بەندىسى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ئەلچىسىدۇر، جەننەت ھەقتۇر، جەھەننەم ھەقتۇر. بولۇشى شەكسىز بىر كۈندە ئاللاھ تائالا قەبرىلەردىكى ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئاللاھ تائالا ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ. بىز بۇ گۇۋاھلىق ئۈزرە ياشايمىز، شۇ گۇۋاھلىق ئۈزرە ئۆلىمىز ۋە شۇ گۇۋاھلىق ئۈزرە تىرىلىمىز، ئىنشائاللاھ›»(15).

ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ۋاپاتى
شەئبىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا قىلىچ ئۇرۇلغاندىن كېيىن:

— ماڭا قىلىچ ئۇرغۇچىغا نېمە بولدى؟ — دېگەنىدى، ئۇلار:

— بىز ئۇنى تۇتتۇق، — دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ:

— ئۇنى مېنىڭ تامىقىم بىلەن تاماقلاندۇرۇڭلار، ئىچىملىكىمدىن ئىچۈرۈڭلار. ئەگەر مەن ياشاپ قالسام، ئۇنىڭ ئاقىۋىتىگە ئۆزۈم قارار قىلىمەن. ئەگەر ئۆلۈپ كەتسەم، ئۇنى پەقەت قىلىچ بىلەن بىر قېتىم ئۇرۇڭلار، ئۇنىڭدىن زىيادە ئۇرماڭلار، — دېدى. ئاندىن ئوغلى ھەسەنگە ئۆزىنى يۇيۇشنى ۋەسىيەت قىلدى ۋە مۇنداق دېدى:

— كېپەننى بەك قىممەت قىلمىغىن! چۈنكى، مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: ‹كېپەننى بەك قىممەت قىلماڭلار. چۈنكى، كېپەن ناھايىتى تىز تارتىلىدۇ› دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. مېنى ئېلىپ ماڭغاندا بەك تېز ياكى بەك ئاستا ئېلىپ ماڭماڭلار. ئەگەر ياخشىلىق بولسا، مېنى ياخشىلىققا ئالدىراپ ئاپارغان بولىسلەر. ئەگەر يامانلىق بولسا، مېنى مۈرەڭلاردىن تاشلىغان بولىسىلەر»(16).

رىۋايەت قىلىنىدۇكى، «ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا قىلىچ ئۇرۇلغان كېچىسى تاڭ ئاتقاندا، ئىبنى تەيياھ ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنى نامازغا ئويغاتتى، ئەلى ئېغىر ياتقان ئىدى. ئىككىنچى قېتىم يەنە كەلدى، ئەلى ئىلگىرىكى ھالىتىدە ئىدى. ئۈچىنچى قېتىم يەنە كەلگەندە، ئەلى ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭغاچ مۇنداق دېدى:

كەرگىن ئۆلۈمگە كۆكسىڭنى،

ئۆلۈم ئۇچراشقۇچىدۇر ساڭا

تاشلا ئۆلۈمدىن زارلىنىشىڭنى،

چۈشكەن بولسا ئۆزەڭگە ئاڭا.

ئەلى مەسجىدنىڭ كىچىك ئىشىكىنىڭ يېنىغا كەلگەندە، ئابدۇرراھمان ئىبنى مۇلجەم دېگەن خەۋارىج ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنىڭغا قىلىچ زەربىسىنى ئۇردى(17).

 

ساھابەلەرگە ۋە ئۇلاردىن باشقا كىشىلەرگە ئۆلۈم كەلگەندە ئۇلارنىڭ دېگەن سۆزلىرى ۋە قەبرىلەرنى زىيارەت قىلىش توغرىسىدا
ھەسەن ئىبنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇماغا ئۆلۈم كەلگەندە: «مېنىڭ كۆرپەمنى ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئېلىپ چىقىڭلار» دېدى. شۇنىڭ بىلەن كۆرپە ھويلىنىڭ ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقىلدى. ئاندىن ھەسەن: «ئى ئاللاھ! مەن ئۆزۈم سەۋەبلىك سەندىن ساۋاب ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى، مەن بۇنىڭدەك ئېغىر بىر مۇسىبەتكە ئۇچراپ باقمىدىم» دېدى(18).

بىز يۇقىرىدا تۆت خەلىپىنىڭ — ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن — سۆزلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتۇق.

·         رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئۆلۈم كەلگەندە، يېنىدىكىلەرگە:

— قاراڭلارچۇ! تاڭ ئاتتىمۇ؟ — دېگەنىدى، ئۇنىڭغا:

— تاڭ ئاتماپتۇ، — دېدىلەر. بىر ئاز ۋاقىتتىن كېيىن ئۇنىڭغا:

— تاڭ ئېتىپتۇ، — دېيىلدى. ئاندىن مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ:

— ئاللاھ تائالاغا سىغىنىپ ئەتىگەنلىكى جەھەننەمگە ئېلىپ بارىدىغان كېچىدىن پاناھ تىلەيمەن، ــ دېدى. ئاندىن: «خۇش كەپسىز ئۆلۈم! ئى ئۇشتۇمتۇت زىيارەت قىلغۇچى! ئى دەل ۋاقتىدا كەلگەن مەھبۇب! ئى ئاللاھ تائالا! مەن سەندىن قورقاتتىم، بۈگۈن سەندىن ئۈمىدۋارمەن. ئى ئاللاھ تائالا! سەن مېنىڭ ئۆستەڭ چېپىشىم، دەرەخ تىكىشىم ئۈچۈن ئەمەس، قاتتىق ئىسسىقلاردا ئۇزۇن ۋاقىت ئۇسسۇز قېلىشىم، قىشنىڭ كېچىلىرىدە قىيامدا تۇرۇشۇم، ھەر سائەتتە ئىبادەت قىلىشىم ۋە زىكىر سورۇنلىرىدا تىزلىنىپ ئالىملارغا قىستىلىشىپ ئولتۇرۇشۇم ئۈچۈن دۇنيادا قېلىپ قېلىشنى ۋە دۇنيانى ياخشى كۆرگەنلىكىمنى بىلىسەن» دېدى(19).

·     ئەبۇ مۇسلىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «مەن ئەبۇددەرداﺋ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىغا كەلدىم. ئۇ جان تەسلىم قىلىۋاتقان ئىدى. ئەبۇددەرداﺋ: ‹مەن غۇلاپ چۈشۈۋاتقان ئورۇن ئۈچۈن تەييارلىق قىلغان ئادەم بارمۇ؟ مېنىڭ بۇ كۈنۈم ئۈچۈن تەييارلىق قىلغان ئادەم بارمۇ؟ مېنىڭ بۇ سائىتىم ئۈچۈن تەييارلىق قىلغان ئادەم بارمۇ؟ › دەيتتى ۋە شۇ ھالىتىدە قەبزى روھ قىلىندى. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن»(20).

·     سالمان ئەلفارسىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆلۈم كەلگەندە يىغلاپ كەتتى. ئۇنىڭغا:

— نېمىشقا يىغلايسەن؟ — دېيىلگەنىدى، ئۇ:

— رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە بىزنىڭ ئوزۇقىمىزنىڭ يولۇچىنىڭ ئوزۇقىغا ئوخشاش ئوزۇق بولۇشىنى ۋەسىيەت قىلغان ئىدى، ھالبۇكى مېنىڭ ئەتراپىمدا نۇرغۇن ئوزۇقلار بار، شۇڭا يىغلىدىم، — دېدى(21).

ئۇنىڭ قېشىدا پەقەت بىر داس، بىر قاچا ۋە تاھارەت ئالىدىغان بىر ئىۋرىق بار ئىدى، دېيىلىدۇ(22).

·     مۇزەنىي رەھىمەھۇللاھ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

مەن شافىئىي رەھىمەھۇللاھ سەكراتتىكى چېغىدا يېنىغا كىرىپ:

— قانداقراق قوپۇپلا؟ — دەپ سورىغان ئىدىم، ئۇ:

— دۇنيادىن سەپەر قىلغۇچى، قېرىنداشلاردىن ئايرىلغۇچى، يامان ئەمىلىمگە ئۇچراشقۇچى، ئۆلۈم شارابىنى تېتىغۇچى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىغا بارغۇچى بولۇپ تاڭ ئاتقۇزدۇم. جانىم جەننەت تامان ماڭامدۇ، بىلمەيمەن؟! بىلسەم ئىدىم، جانىمنى تەبرىكلەيتتىم. ياكى جەھەننەم تامان ماڭامدۇ بىلمەيمەن؟! جەھەننەمسېرى ماڭسا، جانىمنى سەبر قىلىشقا ئۈندەيتتىم، — دېدى.

ئاندىن مۇنداق دېدى:

ئىلاھا، قەلبىم قاتتى، يولۇم بولدى تار،

ئەۋف ئەيلە، ئۈمىدىمنى قىلدىم ۋاسىتا،

گۇناھىم تاغ مىسال، قەلبىم قاپقارا،

ئەۋفىڭنىڭ ئالدىدا گۇناھىم زەررە،

ھەمىشە ئەۋف سېنىڭ، ئىكرام ھەم سېنىڭ،

ئېھسان قىل يارەب ئومۇمىي سېخىيلىقىڭدە(23).

قەبرە ئەھۋالى ۋە سەلەف سالىهلەرنىڭ قەبرە بېشىدا ئېيتقان سۆزلىرى توغرىسىدا
ئەبۇددەرداﺋ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قەبرىلەر يېنىدا ئولتۇراتتى. ئۇنىڭدىن نېمىشقا قەبرە بېشىدا ئولتۇرغانلىقى سورالغانىدى، ئەبۇددەرداﺋ: «ماڭا ئاخىرىتىمنى ئەسلىتىدىغان، مەن كەتكەندىن كېيىن غەيۋىتىمنى قىلمايدىغان كىشىلەرنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇۋاتىمەن» دېدى.

مەيمۇن ئىبنى مىھران مۇنداق دېگەن: «مەن ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز بىلەن قەبرىستانلىققا چىقتىم. ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز قەبرىلەرگە قاراپ يىغلاپ كەتتى. ئاندىن ماڭا قاراپ: ‹ئى مەيمۇن! مانا بۇلار بەنى ئۇمەييە جەمەتىنىڭ ئاتا – بوۋىلىرىنىڭ قەبرىلىرىدۇر. ئۇلار ئۆزلىرى بىلەن راھەت – پاراغەتتە ھەمشېرىك دۇنيا ئەھلى تەرىپىدىن ئۇنتۇلدى. ئۇلارنىڭ ھالاكىتىگە قارىمامدىغان؟! ئۇلارغا ئازابلار چۈشتى. بالا – مۇسىبەتلىرى قاتتىق بولدى. ئۇلارنىڭ بەدەنلىرىنى ھاشاراتلار يەپ ئارام ئالدى› دېدى. ئاندىن يىغلاپ تۇرۇپ: ‹بۇ قەبرىگە كىرىپ بولغان ۋە نېئمەت بېرىلگەن كىشىلەردىن ھېچبىرىنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ئازابىدىن ئەمىن بولغانلىقىنى بىلمەيمەن› دېدى».

 

ئىمام ئىبنى قۇدامە ئەلمەقدىسىينىڭ: «مۇختەسەرۇ مىنھاجۇل قاسىدىن» كىتابىدىن.

تەرجىـــمە قىلـــــغۇچى: ئابدۇللاھ ئابدۇلمەجىد


1. بۇخارىي (6510).
2. بۇخارىي (4462).
3. تەبەرانىي: «ئەددۇئاﺋ»، (1220)؛ بەززار (2028)؛ ھاكىم (4399). بۇسايرىي: («ئەلئىتھاف»، 2/159) «بەززارنىڭ راۋىيلىرى ئىشەنچلىك» دېگەن. ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇززەئىفە»، 6445) «سەنەدى ئىنتايىن زەئىف» دېگەن.
4. تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، (2821). ھەيسەمىي: («مەجمەئۇززەۋائىد»، 14261) «راۋىيلىرى ئىچىدە ئابدۇللاھ ئىبنى مەيمۇن ئەلقەدداھ بەكلا زەئىف» دېگەن. بۇسايرىي: («ئەلئىتھاف»، 2/158) «راۋىيلىرى ئىشەنچلىك» دېگەن. ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇززەئىفە 5384) «توقۇلما» دېگەن.
5. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (3108)؛ مۇسلىم (2080).
6. بۇخارىي (4462). پەقەت «رەببىگە بەك يېقىن بولغان دادام!» دېگەن جۈملىلا «سەھىھۇل بۇخارىي»دا كەلمىگەن بولۇپ، ئۇنى باشقىلار رىۋايەت قىلغان. ئىبنى ماجە (1629). ئالبانىي: («سەھىھۇ ئىبنى ماجە»، 1321) «سەھىھ» دېگەن.
7. ئىبنى سەئد: «ئەتتەبەقاتۇل كۇبرا»، 2/320.
8. سەئىد ئىبنى مەنسۇر (942)؛ ئىبنى ئەبى شەيبە (35574).
9. ئىمام ئەھمەد: «ئەززۇھد»، (560).
10. ئىبنى ئەبى شەيبە (35622).
11. بۇخارىي (1392).
12. بۇنى مۇسلىم ئەمەس، بۇخارىي (3692) رىۋايەت قىلغان.
13. ئەبۇ يەئلا (2731)؛ ئىبنى ھىببان (6891). ھەيسەمىي: («مەجمەئۇززەۋائىد»، 14464)، شۇئەيب ئەلئەرنائۇت ۋە ھۈسەين سەلىم ئەسەدلەر: «سەنەدى سەھىھ» دېگەن.
14. ئىبنى ئەبى ئاسىم: «سۈننەت»، (1302)؛ ئىبنى ھەجەر: «ئەلمەتالىبۇل ئالىيە»، (4378). ئالبانىي: «زىلالۇلجەننە»، (1302).
15. ئىبنى زىبر رىبئىي: «ئۆلىمالارنىڭ ئۆلۈش ئالدىدىكى ۋەسىيەتلىرى (وصايا العلماء عند حضور الموت)»، 40 – بەت.
16. ئىبنى ئەبىددۇنيا: «مەقتەلى ئەلى»، (77)؛ ئىبنى زىبر رىبئىي: «ئۆلىمالارنىڭ ئۆلۈش ئالدىدىكى ۋەسىيەتلىرى»، 41 – بەت. ئالبانىي: («زەئىفۇلجاﻣﯩﺌ»، 6247) «زەئىف» دېگەن.
17. ئىبنى ئەبىددۇنيا: «مەقتەلى ئەلى»، (14).
18. ئىبنى ئەبىددۇنيا: «ئۆزىدىن ھېساب ئېلىش (محاسبة النفس)»، (124).
19. ئىمام ئەھمەد: «ئەززۇھد»، (1003).
20. ئىبنى زىبر رىبئىي: «ئۆلىمالارنىڭ ئۆلۈش ئالدىدىكى ۋەسىيەتلىرى»، 56 – بەت.
21. ئەھمەد (23762)؛ ئىبنى ماجە (4104)؛ ئىبنى ھىببان (706). ئەلئەرنائۇت، ئالبانىيلار: («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 1716) «سەھىھ» دېگەن.
22. ھاكىم (7891). ئالبانىي: («سەھىھۇتتەرغىب»، 3224) «ھەسەن» دېگەن.
23. ئىمام شافىئىي: «ئەلئۇم»، 1/14؛ بەيھەقىي: «ئەززۇھدۇلكەبىر»، (581).

Please follow and like us: