ئۆلۈمنى ئەسلەش ۋە ئۆلۈمدىن كېيىنكى ئىشلار

ئۆلۈمنى ئەسلەش ۋە ئۆلۈمدىن كېيىنكى ئىشلار

ئۆلۈمنى ئەسلەش ۋە ئۇنى كۆپ ئەسلەپ تۇرۇشقا قىزىقتۇرۇش ھەققىدە

بىلگىنكى، ئالدامچى دۇنيا مەنقۇلاتلىرىغا دۈم چۈشۈپ دۇنياغا بېرىلگۈچىنىڭ قەلبى ئۆلۈمدىن غاپىل بولۇپ، ئۆلۈمنى ئەسلىمەيدۇ. ئەسلىگەن تەقدىردىمۇ ئۆلۈمنى يامان كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن قاچىدۇ.

كىشىلەر «يا دۇنياغا بېرىلگۈچى، يا ياخشى ئەمەل قىلىشنى باشلىغان تەۋبەكار، ۋەياكى دۇنيانىڭ ھەقىقىتىنى تونۇپ يامان ئەمەللەردىن قول ئۈزگۈچى» دەپ ئۈچ قىسىمغا بۆلىنىدۇ.

دۇنياغا بېرىلگۈچى ئۆلۈمنى ئەسلىمەيدۇ، ئەسلىسىمۇ ئۆزىنىڭ دۇنياسىغا (دۇنيالىقتا قولىدىن چىقىپ كەتكەن نەرسىلەرگە) ئەپسۇسلىنىش ئۈچۈن ئەسلەيدۇ ۋە ئۆلۈمنى ئەيىبلەش بىلەن مەشغۇل بولىدۇ. بۇنداق كىشىنىڭ ئۆلۈمنى ئەسلىشى ئۇنى ئاللاھ تائالادىن يىراقلاشتۇرىدۇ.

تەۋبەكارغا كەلسەك، تەۋبەكار ئۆز قەلبىدە ئاللاھ تائالادىن قورقۇش ۋە ئەيمىنىشنىڭ قوزغىلىشى ئۈچۈن ئۆلۈمنى كۆپ ئەسلەيدۇ. ئۇ شۇ ئارقىلىق تەۋبىسىگە مۇكەممەل ۋاپا قىلىدۇ. تەۋبەكار بەزىدە مۇكەممەل تەۋبە قىلىۋېلىشىدىن بۇرۇن ياكى ئاخىرەت تەييارلىقىنى ياخشى قىلىۋېلىشتىن ئىلگىرى ئۆلۈم كېلىشىنى خاھلىماسلىقى مۇمكىن. ئۇنىڭ بۇ ھالەتتە ئۆلۈمنى خاھلىماسلىقى خاتا ئەمەستۇر. بۇ خاھلىماسلىق پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «كىمكى ئاللاھ تائالا بىلەن ئۇچرىشىشنى يامان كۆرسە، ئاللاھ تائالامۇ ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىشنى يامان كۆرىدۇ»(1) دېگەن سۆزىگە چۈشمەيدۇ. چۈنكى، ئۇ بەندە ئۆزىدىكى كەمچىلىك ۋە تائەت – ئىبادەتتە كەتكۈزۈپ قويۇشلار ئۈچۈنلا ئاللاھ تائالا بىلەن ئۇچرىشىشتىن قورقىدۇ. بۇ كىشى خۇددى «ئۆزى ياخشى كۆرگەن كىشىنى ياخشى كۈتىمەن» دەپ تەييارلىق قىلىپ يۈرۈپ، كۈتكەن كىشىسى بىلەن ئۇچرىشىشقا كېچىكىپ قالغان كىشىگە ئوخشايدۇ. ئۇ كىشى بۇ ھالەتتە ياخشى كۆرگەن كىشىسى بىلەن ئۇچرىشىشنى يامان كۆرگەن كىشى ھېسابلانمايدۇ.

بۇنىڭ ئالامىتى دائىم ئۆلۈمگە تەييارلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن باشقا مەشغۇل بولىدىغان ئىشى بولماسلىقتۇر. ئەگەر بۇ ئالامەتلەر تېپىلمىسا، ئۇنداق كىشى دۇنياغا بېرىلگۈچى كىشىلەر قاتارىغا قوشۇلۇپ كېتىدۇ.

دۇنيانىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى بىلگۈچىگە كەلسەك، ئۇ دائىم ئۆلۈمنى ئەسلەيدۇ. چۈنكى، ئۆلۈم ياخشى كۆرگەن ھەبىبى بىلەن ئۇچرىشىش ۋاقتى بولۇپ، ئۇ ئۆز ھەبىبى بىلەن ئۇچرىشىش ۋاقتىنى ئۇنۇتمايدۇ. بۇنداق كىشى كۆپىنچە ۋاقىتتا «ئۆلۈمنىڭ كېلىشىنى كېچىكتى» دەپ قارايدۇ. ئۆلۈمنى پاسىقلار يۇرتىدىن قۇتۇلۇش ۋە ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ قوشنىدارچىلىقىغا يۆتكىلىش ئۈچۈن ياخشى كۆرىدۇ. ھەقىقەتەن بەزىلەر ئېيتقاندەك: «ئۆلۈم بولسا موھتاجلىقتا يېتىپ كەلگەن مەھبۇبتۇر».

ئۇنداق بولغان ئىكەن، تەۋبەكار ئۆلۈمنى خاھلىماسلىقتا ئۆزرەلىكتۇر. دۇنيانىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى تونۇغۇچى ئۆلۈمنى ياخشى كۆرۈش ۋە ئۇنى ئارزۇ قىلىشتا ئۆزرەلىكتۇر. بۇ ئىككى كىشىدىن يۇقىرى مەرتىۋىدىكى كىشى بولسا ئۆزىنىڭ ئىشىنى ئاللاھ تائالاغا تاپشۇرۇپ، ئۆزىگە نە ئۆلۈم ۋە نە ھاياتلىقنى تاللىمىغان، بەلكى ئەڭ سۆيۈملۈك نەرسىسى پەرۋەردىگارى ياخشى كۆرگەن نەرسە بولغان كىشىدۇر. بۇ كىشى ياخشى كۆرۈشى ۋە دوست تۇتۇشى تەسلىم بولۇش ۋە مەمنۇن بولۇش ماقامىغا بېرىپ توختىغان كىشىدۇر. مانا بۇ ئەڭ يۇقىرى چەك ۋە ئالىي مەقسەتتۇر.

قانداقلا بولمىسۇن، ئۆلۈمنى ئەسلەش ئارقىلىق ساۋابقا ۋە پەزىلەتكە ئېرىشكىلى بولىدۇ. سەۋەبى، دۇنيا بىلەن مەشغۇل بولغۇچى ئۆلۈمنى ئەسلەش ئارقىلىق دۇنيادىن يىراقلىشىشى مۇمكىن. چۈنكى، ئۆلۈمنى ئەسلەش ئۇنىڭ نېئمەتلىك تۇرمۇشىنى قىيىنلاشتۇرىدۇ ۋە دۇغلاشتۇرىدۇ.

 

باب: ئۆلۈمنى ئەسلەشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «لەززەتلەرنى كېسىپ تاشلىغۇچى ئۆلۈمنى كۆپ ئەسلەڭلار»(2) دېگەن.

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىدا بىر ئادەم تىلغا ئېلىنغان ئىدى، كىشىلەر ئۇ كىشى ھەققىدە ياخشى گەپلەرنى قىلدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— ئۇ دوستۇڭلار ئۆلۈمنى قانداقراق ئەسلەيتتى؟ — دېگەنىدى، ئۇلار:

— ئۇنىڭ ئۆلۈمنى تىلغا ئالغانلىقىنى ئاڭلاپ باقماپتۇق، — دېدى. رەسۇلۇللاھ:

— ئۇنداقتا، سىلەرنىڭ ئۇ ھەمراھىڭلار ئۇنچە ياخشى يەردە ئەمەس، — دېدى(3).

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن:

— قايسى مۇئمىن ئەڭ ئەقىللىق مۇئمىندۇر؟ — دەپ سورالغانىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— ئۆلۈمنى كۆپ تىلغا ئالىدىغان، ئۆلۈمدىن كېيىنكى ئىشلار ئۈچۈن بەك ياخشى تەييارلىق قىلىدىغانلار. ئەنە شۇلار ئەڭ ئەقىللىق كىشىلەردۇر، — دەپ جاۋاب بەردى(4).

ھەسەن ئەلبەسرىي رەھىمەھۇللاھ: «ئۆلۈم دۇنيانىڭ ماھىيتىنى ئېچىپ تاشلايدۇ، ئۆلۈم دۇنيادا ئەقىل ئىگىسى ئۈچۈن خۇشاللىق قالدۇرمايدۇ. بىر بەندە قەلبىدە ئۆلۈمنى ئەسلىسە، دۇنيا ۋە دۇنيادىكى بارلىق نەرسىلەر ئۇنىڭغا ئەرزىمەس تۇيۇلىدۇ» دېگەن.

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئۆلۈم ۋە قىيامەتنى ئەسلىسە، قۇش مىسالى تىترەيتتى. ئۇ ھەر كېچىسى فىقھىشۇناسلارنى يىغىپ، خۇددى كۆز ئالدىدا بىر مېيىت ياتقاندەك ئۆلۈم ھەققىدە مۇزاكىرە قىلىشىپ، يىغلىشىپ كېتەتتى.

ھامىد ئەلقەيسەرىي رەھىمەھۇللاھ: «ھەممىمىز ئۆلۈمگە شەكسىز ئىشەنگەن كىشىلەرمىز، ئەمما ئۇنىڭغا تەييارلىق قىلغۇچىنى كۆرمەيمىز. ھەممىمىز جەننەتكە شەكسىز ئىشەنگەن كىشىلەرمىز، ئەمما جەننەتلىك ئەمەل قىلغۇچىلارنى كۆرمەيمىز. ھەممىمىز دوزاخقا شەكسىز ئىشەنگەن كىشىلەرمىز. ئەمما، دوزاختىن قورققۇچىنى كۆرمەيمىز. نېمىگە خۇشال بولۇۋاتىسلەر؟! نېمىنى كۈتۈۋاتسىلەر؟! ئۆلۈمنى كۈتۈۋاتامسىلەر؟ ئۆلۈم سىلەرگە ياخشىلىق ياكى يامانلىق بىلەن كېلىدىغان تۇنجى سوۋغىدۇر. ئى قېرىنداشلىرىم! رەببىڭلار تامان گۈزەل رەۋىشتە مېڭىڭلار!» دەيدۇ.

شۇمەيت ئىبنى ئەجلان: «كىمكى ئۆلۈمنى كۆز ئۆڭىدە تۇتسا، دۇنيانىڭ تارچىلىقى ۋە كەڭرىچىلىكىگە پەرۋا قىلىپ كەتمەيدۇ» دېگەن.

ئۆلۈمنى ئەسلەشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ يولى

بىلگىنكى، ئۆلۈمنىڭ خەتىرى چوڭدۇر. كىشىلەر ئۆلۈمنى ئاز تەپەككۇر قىلغانلىقى ۋە ئاز ئەسلىگەنلىكى ئۈچۈن ئۆلۈمدىن غاپىل قالىدۇ. ئۆلۈمنى ئەسلىگەنلەرمۇ ئۇنى غاپىل قەلب بىلەن ئەسلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئۆلۈمنى ئەسلەش مەنپەئەت بەرمەيدۇ. بەندە قەلبىنى كۆز ئۆڭىدىكى ئۆلۈمنى ئەسلەشكە مەركەزلەشتۈرگەندىلا، ئۆلۈمنى ئەسلەش مەنپەئەت بېرىدۇ. بەندە ئۆلۈمنى ئەسلەشتە خەتەرگە توشقان بىر كەڭ دالاغا سەپەر قىلىشنى ئىرادە قىلغان ياكى دېڭىزدا سەپەر قىلغان كىشىگە ئوخشاش بولۇشى كېرەك. بۇ يەرلەردە سەپەر قىلغانلار شۇ يەردىكى خېيىم – خەتەرلەر ھەققىدىلا تەپەككۇر قىلىدۇ. بۇنىڭدا ئەڭ پايدىلىق يول ئۆزىدىن ئىلگىرى دۇنيادىن كەتكەن تەڭتۇشلىرى ۋە ئۆزىنىڭ ئوخشاشلىرىنىڭ ئۆلۈمىنى ۋە ئۇلارنىڭ تۇپراق ئاستىدىكى ھالەتلىرىنى ئەسلەشتۇر.

ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «باشقىلاردىن پەند – نەسىھەت ئالغان كىشى بەختلىك كىشىدۇر» دېگەن.

ئەبۇددەرداﺋ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «ئۆلۈكلەر تىلغا ئېلىنسا، ئۆزۈڭنى ئۇلاردىن بىرى ھېسابلىغىن» دېگەندۇر.

ئىنسان قەبرىستانلىقلارنى كۆپ زىيارەت قىلىشى، نەپسى دۇنيالىقتىن بىرەر نەرسىگە تەلپۈنۈپ قالسا، شۇ زامان ھامىنى ئۆزىنىڭ ئۇ نەرسىدىن ئايرىلىدىغانلىقىنى تەپەككۇر قىلىشى ۋە ئارزۇلىرىنى كەم قىلىشى كېرەك.

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مېنىڭ مۈرەمنى تۇتۇپ تۇرۇپ: ‹سەن دۇنيادا غېرىب ياكى مۇساپىرغا ئوخشاش بولغىن› دېدى». ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما يەنە مۇنداق دەيتتى: «كەچ قىلساڭ تاڭنى كۈتمىگىن، تاڭ ئاتقۇزساڭ كەچنى كۈتمىگىن. كېسەللىكتىن بۇرۇن ساقلىقىڭنى غەنىيمەت بىلگىن، ئۆلۈم كېلىشتىن ئىلگىرى ھاياتلىقىڭنى غەنىيمەت بىلگىن»(5).

يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مەن ئۈممىتىم ئۈچۈن ئەڭ قورقىدىغان نەرسە نەپس خاھىش ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىمەنغۇ دېيىشتۇر. نەپس خاھىش ھەقىقەتتىن ئاداشتۇرىدۇ. ‹ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىمەنغۇ› دېيىش بولسا ئاخىرەتنى ئۇنۇتقۇزىدۇ»(6).

ھەسەن ئەلبەسرىي رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھابەلەرگە:

— ھەممىڭلار جەننەتكە كىرىشنى ياخشى كۆرەمسىلەر؟ — دېگەندە، ساھابەلەر:

— ھەئە، ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! — دېدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— ئارزۇنى ئاز قىلىڭلار، ئەجەللىرىڭلارنى كۆز ئالدىڭلاردا تۇتۇڭلار ۋە ئاللاھ تائالادىن ھەقىقىي رەۋىشتە ھايا قىلىڭلار، — دېدى(7).

ئەبۇ زەكەرىييا ئەتتەيمىي رەھىمەھۇللاھ ئېيتىدۇ: «سۇلايمان ئىبنى ئابدۇلمەلىك مەسجىدى ھەرامدا تۇرۇۋاتقاندا ئۇنىڭغا بىر نەقىش ئويۇلغان تاش ئېلىپ كېلىندى. سۇلايمان ئۇ تاشتىكى نەقىشنى ئوقۇيالايدىغان بىر كىشىنى ئىزدەپ تېپىپ ئەكەلدۈرۈپ، تاشتىكى نەقىشلەرنى ئوقۇتتى. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن ئىدى: ‹ئى ئادەم بالىسى! ئەگەر سەن ئەجىلىڭنىڭ يېقىنلىقىنى بىلسەڭ ئىدىڭ، ئۇزۇن ئارزۇ قىلىشنى تاشلىغان، كۆپ ئەمەل – ئىبادەت قىلىشقا قىزىققان بولاتتىڭ. مال – دۇنياغا بولغان ھېرىسمەنلىكىڭنى ۋە ھىيلىلىرىڭنى تاشلىغان بولاتتىڭ. سەن ئۆلۈپ ئەھل – ئەۋلادىڭ، خىزمەتچىلىرىڭ سېنى قەبرىگە تاپشۇرغاندا، بالىچاقا ۋە ئۇرۇق – نەسەبىڭ تامامەن قولدىن كەتكەندە قىلغانلىرىڭغا پۇشايمان قىلىسەن. سەن ئۇ ۋاقىتتا دۇنياغا ئەسلا قايتالمايسەن. ياخشىلىقلىرىڭنى كۆپەيتەلمەيسەن. شۇڭا، قىيامەت كۈنى ئۈچۈن ئەمەل قىلغىن، ھەسرەت ۋە نادامەت كۈنى ئۈچۈن ئەمەل قىلغىن!›»

ئۇزۇن ئۆمۈر ئارزۇ قىلىشنىڭ سەۋەبى ۋە ئۇنىڭ ئىلاجى توغرىسىدا

بىلگىنكى، «ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىمەنغۇ» دېيىشكە سەۋەب بولىدىغان نەرسە ئىككىدۇر. بىرى، دۇنيانى ياخشى كۆرۈش. يەنە بىرى، بىلىمسىزلىك.

دۇنيانى ياخشى كۆرۈشكە كەلسەك، ئىنسان دۇنيا ۋە دۇنيانىڭ شەھۋەتلىرى، لەززەتلىرى ۋە ئالاقىلىرىدىن بەھر ئالسا، ئۇنىڭ قەلبىنىڭ دۇنيادىن يىراقلىشىشى تەستۇر. ئۇ چاغدا قەلب دۇنيادىن يىراقلاشتۇرغۇچى بولمىش ئۆلۈمنى ئەسلەشتىن باش تارتىدۇ. ھەركىمكى بىرنەرسىنى يامان كۆرسە، ئۇنى قەلبىدىن چىقىرىۋېتىدۇ. ئىنسان باتىل ئارزۇلار بىلەن مەشغۇل بولسا، نەپسى دۇنيادا قېلىپ قېلىش، دۇنيادا موھتاج بولىدىغان مال – مۈلك، خاتۇن – بالا، ئۆيۋاق، دوست – يارەن ۋە دۇنيانىڭ باشقا لازىمەتلىكلىرىدىن ئىبارەت ئۆز مەقسىتىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان نەرسىلەرنى ئارزۇ قىلدۇرىدۇ. شۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ قەلبى بۇ پىكىردە توختاپ قېلىپ، ئۆلۈمنى ئەسلەشتىن يىراق بولىدۇ ۋە ئۆلۈمنىڭ يېقىنلىقىنى مۆلچەرلىمەيدۇ. بەزى ھاللاردا كىشى ئۈچۈن ئۆلۈمنى خىيال قىلىش ۋە ئۇنىڭغا تەييارلىق قىلىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلسىمۇ، ئۇنى كېچىكتۈرىدۇ ۋە ئۆز – ئۆزىگە تەسەللى بېرىپ: «سەن چوڭ بولغۇچە ئالدىڭدا كۈنلەر ئۇزۇن، چوڭ بولغاندا تەۋبە قىلىۋالارسەن» دەيدۇ. يېشى چوڭايغاندا بولسا: «قېرىغاندا تەۋبە قىلىۋالارسەن» دەيدۇ. قېرىغاندا بولسا: «بۇ ئۆينى سېلىپ بولغاندىن كېيىن، بۇ ئېتىزنى تېرىپ بولغاندىن كېيىن ياكى بۇ سەپەردىن قايتىپ بولغاندىن كېيىن تەۋبە قىلارسەن» دەيدۇ. شۇنداق قىلىپ تەۋبە قىلىشنى كېيىنگە قالدۇرۇپ، كېچىكتۈرۈپ، بىر ئىشنى تاماملاپ بولغۇچە ئۇنىڭغا ئون ئىش قوشۇلۇپ ماڭىدۇ. مۇشۇنداق قىلىپ تەدرىجىي ھەر كۈن تەۋبە قىلىشنى كېچىكتۈرىدۇ. بىر ئىشنى قىلىپ بولۇپ، يەنە بىر ئىش بىلەن مەشغۇل بولىدۇ. ئاخىرىدا ئۇ ئويلاپ باقمىغان ۋاقىتتا ئۆلۈم كېلىپ، ھەسرەت – نادامىتى زىيادە بولىدۇ.

دوزاخ ئەھلىنىڭ كۆپىنچە ۋارقىراشلىرىمۇ تەۋبە قىلىشنى كەينىگە سوزغانلىقتىن بولىدۇ. ئۇلار: «ياخشى ئەمەل قىلىشنى كېچىكتۈرگەنلىكىمىز ئۈچۈن مىڭ ھەسرەت!» دەيدۇ. بۇ ئارزۇلارنىڭ ھەممىسى دۇنيانى ياخشى كۆرۈش، ئۇنىڭدىن بەھر ئېلىش ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «نېمىنى خاھلىساڭ، شۇنى ياخشى كۆرگىن، بەرىبىر ئۇنىڭدىن جۇدا بولغۇچىسەن»(8) دېگەن سۆزى غەپلەتتە قالغانلىقتىن كېلىپ چىققاندۇر.

ئىككىنچى سەۋەب: بىلىمسىزلىك

بىلىمسىزلىك بولسا ئىنساننىڭ ئۆز ياشلىقىغا ئىشىنىشى ۋە ياشلىق مەزگىلىدە ئۆلۈمنى ئۆزىدىن يىراق سانىشىدۇر. بۇ بىچارە ئۆز شەھرىدىكى ياشلارنى سانىسا، ئۇلارنىڭ خالايىقنىڭ ئوندىن بىرىچىلىكمۇ ئەمەسلىكىنى تەپەككۇر قىلمامدۇ؟ ياشلارنىڭ ئاز بولۇشى ياشلارغا ئۆلۈمنىڭ كۆپ كەلگەنلىكى ئۈچۈندۇر. بەزىدە بىر قېرى كىشى ئۆلۈپ بولغۇچە مىڭ نارىسىدە بالا ۋە ياش يىگىت ئۆلۈپ بولىدۇ. كىشى بەزىدە ساقلىقى بىلەن مەغرۇرلىنىدۇ. ئۆلۈمنىڭ ئۆزىگە ئۇشتۇمتۇت كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. كىشى ئەگەر ئۆلۈمنى يىراق سانىسا، ئۇنىڭغا كېسەللىك ئۇشتۇمتۇت كېلىدۇ. ئىنسان كېسەل بولسا ئۆلۈم ئۇنىڭدىن يىراق ئەمەس. ئەگەر ئىنسان تەپەككۇر قىلسا ۋە ئۆلۈمنىڭ كېلىدىغان ياز، قىش، ئەتىياز، كۈز، كېچە ۋە كۈندۈز دەيدىغان مۇئەييەن بىر ۋاقتى يوقلۇقىنى ۋە ياش، قېرى، ياكى ئوتتۇرا ياش بولسۇن مەخسۇس بىر ياشقا باغلىنىشلىق ئەمەس ئىكەنلىكىنى بىلسە، ئۇ ئۆلۈمنى ناھايىتى چوڭ بىلەتتى ۋە ئۆلۈمگە تەييارلىق قىلغان بولاتتى.

پەسىل
ئارزۇ – ھەۋەسنىڭ زىيادە ياكى كەم دەرىجىلىرى

«ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىمەنغۇ» دېيىش بارىسىدا كىشىلەر تولىمۇ پەرقلىقتۇر. بەزىلەر ئۇزۇن ئۆمۈرنى ئارزۇ قىلىدۇ. بەزىلەر بولسا قانداق ئەھۋالدا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئارزۇ – ئارمانسىز قالمايدۇ. بەزىلەر بولسا بەك كەم ئارزۇ قىلىدۇ.

ئەبۇ ئوسمان ئەننەھدىينىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «مەن 130 يىل ياشىدىم. ھەممە نەرسىنىڭ كېمىيىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدىميۇ، لېكىن ئارزۇيۇم شۇ پېتىچە ئۆزگەرمەي تۇردى».

كەم ئارزۇ قىلىش ھەققىدە شۇ رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئەبۇ مۇھەممەد ھەبىبنىڭ ئايالى مۇنداق دېگەن: «ئېرىم ئەبۇ مۇھەممەد ماڭا: ‹ئەگەر مەن بۈگۈن ئۆلۈپ كەتسەم، مېنى يۇيۇپ، مۇنداق، مۇنداق قىلىشى ئۈچۈن پالانىغا ئەلچى ئەۋەتىڭ. سىز مۇنداق، مۇنداق ئىشلارنى قىلىڭ› دېگەنىدى». ئۇ ئايالغا:

— ئېرىڭىز شۇ كۈنى بىرەر چۈش كۆرۈپتىكەنمۇ؟ — دېيىلگەنىدى، ئۇ ئايال:

— ئېرىم ماڭا ھەركۈنى شۇنداق دەيتتى، — دەپ جاۋاب بەرگەن.

ئىبراھىم ئىبنى شۇمەيت مۇنداق دەيدۇ: «ئەبۇ زۇرئە ماڭا: ‹مەن ساڭا ھېچكىمگە دەپ باقمىغان بىر سۆزنى قىلاي. مەن يىگىرمە يىلدىن بېرى ئۆلۈمنى كۈتۈپ مەسجىدتىن چىقىپ باقمىدىم. نەپسىم ماڭا يەنىلا مەسجىدكە قايتقىن دەۋاتىدۇ› دېگەنىدى».

بىر كىشىگە: «كۆينىكىڭنى يۇيمامسەن؟» دېيىلگەنىدى، ئۇ: «ئۆلۈم ئۇنىڭدىنمۇ تېز كېلىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.

مۇھەممەد ئىبنى ئەبى تەۋبە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «مەئرۇف دېگەن كىشى نامازغا تەكبىر ئېيتىپ بولۇپ، ماڭا:

— ئالدىغا چىقىپ ئىمام بولغىن، — دېدى. مەن ئۇنىڭغا:

— ئەگەر مەن سىلەرگە بۇ نامازنى ئوقۇپ بەرسەم، سىلەر بىلەن ئۇنىڭدىن باشقا ناماز ئوقۇيالمايمەن، — دېدىم. مەئرۇف:

— ئاللاھ تائالاغا سىغىنىپ ئۇزۇن ئارزۇ قىلىشتىن پاناھ تىلەيمىز، چۈنكى ئارزۇنى ئۇزۇن قىلىش ياخشى ئەمەل قىلىشتىن توسىدۇ، — دېدى».

بۇلار بولسا زاھىدلارنىڭ ئارزۇنى ئاز قىلىش ھەققىدىكى ئەھۋاللىرىدۇر. ئارزۇ قانچە ئاز بولسا، ئەمەل قىلىش شۇنچە كۆپ بولىدۇ. چۈنكى، ئارزۇنى ئاز قىلغۇچى بۈگۈن ئۆلۈپ كېتىشىنى ئويلايدۇ. ھازىر ئۆلۈپ قالىدىغان ئادەمدەك ئۆلۈمگە تەييارلىق قىلىدۇ. كەچ بولغاندا، ئاللاھ تائالانىڭ سالامەت قىلغىنىغا شۈكۈر قىلىدۇ ۋە «بۈگۈن كېچە ئۆلۈپ كېتىمەن» دەپ ئويلاپ، ئەمەل قىلىشقا ئالدىرايدۇ.

ئەمەل قىلىشقا ئالدىراشنىڭ بايانى ۋە ئەمەل قىلىشنى كېچىكتۈرۈشنىڭ ئاپىتى توغرىسىدا

يەنە بىر سەھىھ ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «سىلەر ئاللاھ تائالادىن ياخشىلىق كۈتكەن ھالەتتە ئۆلۈڭلار»(9).

رىۋايەت قىلىنىدۇكى، «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سەكراتتىكى بىر كىشىنىڭ يېنىغا كىرىپ، ئۇنىڭغا:

— ئۆزۈڭنى قانداق ھېس قىلىۋاتىسەن؟ — دەيدۇ، ئۇ كىشى:

— ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىۋاتىمەن ۋە گۇناھلىرىمدىن قورقۇۋاتىمەن، — دەيدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— بۇ ئىككىسى بىر بەندىنىڭ قەلبىدە تەڭ توپلانسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا ئۈمىد قىلغان نەرسىسىنى بېرىدۇ ۋە ئۇنى قورققان نەرسىسىدىن ئەمىن قىلىدۇ، — دەيدۇ»(10).

سەكراتتىكى ۋاقىتتا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىش ئەۋزەلدۇر. چۈنكى، قورقۇنچ بولسا ھەيدىلىدىغان بىر قامچىدۇر. ئۆلۈم كەلگەندە، كۆز توختاپ قالىدۇ. شۇڭا، كۆزىگە مېھرىبانلىق قىلىشى كېرەك. شەيتان شۇ چاغدا بەندىنىڭ يېنىغا كېلىپ، بولۇۋاتقان ئىشلار ھەققىدە بەندىنى ئاللاھ تائالاغا نارازى قىلىدۇ. ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىكى ئىشلاردىن ئۇنى قورقۇتىدۇ. شۇڭا، ئۇ ئورۇندا ئاللاھ تائالادىن ئۈمىدۋارلىق دۈشمەننى دەﻓﺌ قىلىدىغان ئەڭ كۈچلۈك قورال ھېسابلىنىدۇ.

سۇلايمان ئەتتەيمىي ئۆلۈمىنى سەزگەندە، ئوغلىغا: «ئى ئوغلۇم! ئاللاھ تائالا بىلەن ئۈمىدۋار ھالەتتە ئۇچرىشىشىم ئۈچۈن، ماڭا رۇخسەتلەر ھەققىدە سۆزلەپ بەرگىن» دېگەن ئىدى.

ئىمام ئىبنى قۇدامە ئەلمەقدىسىينىڭ: «مۇختەسەرۇ مىنھاجۇل قاسىدىن» كىتابىدىن.

تەرجىـــمە قىلـــــغۇچى: ئابدۇللاھ ئابدۇلمەجىد


1. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6507)؛ مۇسلىم (2683). ئۇبادە ئىبنى سامىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
2. ئەھمەد (7912)؛ نەسائىي (1720)؛ تىرمىزىي (2307). ئالبانىي: («سەھىھۇلجاﻣﯩﺌ»، 1211) «سەھىھ» دېگەن.
3. ئىراقىي: («تەخرىجۇ ئەھادىيسى ئىھياﺋ»، 4/194) «ئىبنى ئەبىددۇنيا: ‹ئەلمەۋت› دېگەن كىتابىدا ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ‹زەئىف سەنەد› بىلەن رىۋايەت قىلغان. ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەكمۇ: ‹ئەززۇھد› دېگەن كىتابىدا ‹زەئىف سەنەد› بىلەن رىۋايەت قىلغان» دېگەن.
4. تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، (13354)؛ ئىبنى ماجە (4259). ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 1384) «ھەسەن» دېگەن.
5. بۇخارىي (6416).
6. بەيھەقىي: «شۇئەبۇلئىمان»، (10129). ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇززەئىفە»، 2177) «سەنەدى ئىنتايىن زەئىف» دېگەن.
7. ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك: «ئەززۇھد»، (317). تابىئىنلاردىن ھەسەن بەسرىيدىن مۇرسەلدۇر. سەنەدى زەئىف.
8. تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل ئەۋسەت»، (4278)؛ بەيھەقىي: «شۇئەبۇلئىمان»، (10057). ھاكىم: («ئەلمۇستەدرەك»، 7921) «سەنەدى سەھىھ» دېگەن، زەھەبىيمۇ بۇنى ماقۇللىغان. ئالبانىيمۇ: («سىلسىلەتۇلئەھادىيسىسسەھىھە»، 831) «ھەسەن» دېگەن. سەھل ئىبنى سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايىتى.
9. مۇسلىم (2877). جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
10. تىرمىزىي (983)؛ ئىبنى ماجە (4261). ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 1051) «ھەسەن» دېگەن.

Please follow and like us: