تەپەككۇر قىلىش ۋە ئۇنىڭ پەزىلىتى

تەپەككۇر قىلىش ۋە ئۇنىڭ پەزىلىتى

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە تەپەككۇر قىلىش ۋە پىكىر يۈرگۈزۈشكە بۇيرۇدى ۋە تەپەككۇر قىلغۇچىلارنى بۇ سۆزى ئارقىلىق ماختىدى: ﴿ئۇلار ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزىدۇ. (ئۇلار ئېيتىدۇ) «پەرۋەردىگارىمىز! بۇنى بىكار ياراتمىدىڭ، سەن پاكتۇرسەن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن﴾(3/«ئال ئىمران»: 191).

ئاللاھ تائالا يەنە بىر ئايەتتە مۇنداق دېگەن: ﴿ئاللاھ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى (كامالى) پەزلىدىن سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى، بۇنىڭدا ھەقىقەتەن (قۇدرىتى ئىلاھىييەنى) تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ۋە بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) (روشەن) دەلىللەر بار﴾(45/«جاسىيە»: 13).

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاللاھ تائالانىڭ نېئمەتلىرى ھەققىدە تەپەككۇر قىلىڭلار، ئاللاھ تائالانىڭ زاتى ھەققىدە تەپەككۇر قىلماڭلار»(1) دېگەن.

ئەبۇددەرداﺋ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «بىر سائەت تەپەككۇر قىلىش بىر كېچە – كۈندۈز قىيامدا تۇرغاندىن ئەۋزەلدۇر» دېگەن(2).

ۋەھب ئىبنى مۇنەببىھ رەھىمەھۇللاھ: «بىر ئىنسان ئۇزۇن تەپەككۇر قىلسا چۈشىنىدۇ، چۈشەنسە بىلىدۇ، بىلسە ئەمەل قىلىدۇ» دەيدۇ.

بىشر ھافىي رەھىمەھۇللاھ: «ئەگەر كىشىلەر ئاللاھ تائالانىڭ بۈيۈكلۈكى ھەققىدە تەپەككۇر قىلغان بولسا ئىدى، ئاللاھ تائالاغا ھەرگىز ئاسىيلىق قىلمىغان بولاتتى» دېگەن.

فىريابىي رەھىمەھۇللاھ ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿يەر يۈزىدە ناھەق تەكەببۇرلۇق قىلىدىغانلارنى ئايەتلىرىمنى چۈشىنىشتىن يىراقلاشتۇرىمەن…﴾(7/«ئەئراف»: 146) دېگەن سۆزىنى تەپسىر قىلىپ: «بۇ ‹ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى مېنىڭ بۇيرۇقىمنى تەپەككۇر قىلىشتىن توسىمەن› دېمەكتۇر» دېگەن.

داۋۇد ئەتتائىي رەھىمەھۇللاھ ئايدىڭ بىر كېچىدە ئۆگزىدە ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىنلارنىڭ سەلتەنىتى ھەققىدە تەپەككۇر قىلىۋېتىپ، قوشنىسىنىڭ ھويلىسىغا يىقىلىپ چۈشتى، شۇنىڭ بىلەن قولىدا قىلىچ تۇتقان ھالدا يالىڭاچ سەكرەشكە باشلىدى. قوشنىسى ئۇنى كۆرگەندە:

— ئى داۋۇد! نېمە بولدۇڭ؟ — دېگەنىدى، ئۇ:

— ھېچ نېمىنى ئاڭقىرالمىدىم، — دەپ جاۋاب بەردى.

يۈسۈف ئىبنى ئەسبات: «شەك – شۈبھىسىزكى، دۇنيا ئۇنىڭغا قارىلىشى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇ ئارقىلىق ئاخىرەتكە قاراش ئۈچۈن يارىتىلغان» دېگەن.

سۇفيان بەك تەپەككۇر قىلغانلىقتىن قان سىيگەن ئىدى.

ئەبۇبەكرى كەتتانىي رەھىمەھۇللاھ ئېيتىدۇ: «غەپلەتتىن ئويغانغاندا چۆچۈش، نەپسىدىن ۋاز كېچىش ۋە ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىدىن قورقۇپ تىترەش ئىنسان ۋە جىنلارنىڭ ئىبادىتىدىن ئەۋزەلدۇر».

تەپەككۇر قىلىش ساھەلىرى ۋە ئۇنىڭ مېۋىسىنىڭ بايانى

شۇنى بىلگىنكى، تەپەككۇر قىلىش بەزىدە دىنغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا، بەزىدە دىنغا مۇناسىۋەتسىز ئىشلاردا بولىدۇ. بىز دىنغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى سۆزلىمەكچىمىز. بۇنىڭ ئىزاھى ئۇزۇندۇر. يەنى كىشى تائەت – ئىبادەتلەر، گۇناھ – مەئسىيەتلەر، ھالاك قىلغۇچى ۋە ئازابتىن قۇتۇلدۇرغۇچى سۈپەتلەردىن ئىبارەت تۆت تۈرگە قارىسۇن. شۇنىڭ ئۈچۈن، سەن نەپسىڭدىن، ئاللاھ تائالادىن يىراقلاشتۇرغۇچى ۋە ئۇنىڭغا يېقىنلاشتۇرغۇچى سۈپەتلەردىن غاپىل قالمىغىن!

كىمكى ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى ئىستىسە، بىر ۋاراقچىگە ھالاك قىلغۇچى ۋە ئازابتىن قۇتۇلدۇرغۇچى سۈپەتلەرنى، گۇناھ – مەئسىيەتلەرنى ۋە تائەت – ئىبادەتلەرنى يازغاي ۋە ئۇنىڭغا ھەركۈنى قاراپ ئۆزىدىن ھېساب ئالغاي.

ھالاك قىلغۇچى ئىشلاردىن ئون ئىشقا قاراش كۇپايىدۇر. ئەگەر بۇ ئون ئىشتىن ئامان قالسا، قالغان ھالاك قىلغۇچى ئىشلاردىن ئامان قالالايدۇ. ئۇلار بولسا: بېخىللىق، تەكەببۇرلۇق، ھاكاۋۇرلۇق، رىياكارلىق، ھەسەتخورلۇق، قاتتىق غەزەپلىنىش، ئاچپاقىلىق، جىنسى مۇناسىۋەتكە بېرىلىش، مال – دۇنياپەرەسلىك ۋە ئابرۇيپەرەسلىكتىن ئىبارەت.

ئازابتىن قۇتۇلدۇرغۇچى ئون ئىش بولسا: گۇناھلاردىن پۇشايمان قىلىش، بالا – مۇسىبەتلەرگە سەبر قىلىش، قازايىقەدەرگە رازى بولۇش، نېئمەتلەرگە شۈكۈر قىلىش، قورقۇش ۋە ئۈمىد قىلىشتا ئوتتۇراھال بولۇش، دۇنياغا قىزىقماسلىق، ئەمەللەردە ئىخلاس قىلىش، كىشىلەرگە گۈزەل ئەخلاقلىق بولۇش، ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈش ۋە خۇشۇﺋ قىلىشتىن ئىبارەت.

ئەيىبلىنىدىغان ۋە ماختىلىدىغان بۇ خىسلەتلەر جەمئىي يىگىرمىدۇر. (ۋاراق تۇتقۇچى) ئەيىبلىنىدىغان بىر خىسلەت ئۆزىدە بولمىسا، ئۇنىڭ ئاستىغا سىزىق سىزىپ قويىدۇ، ئۇ ھەقتە ئويلانمايدۇ ۋە ئۆزىدە شۇ خىسلەتنىڭ يوقلۇقى ئۈچۈن رەببىگە تەشەككۈر ئېيتىدۇ. شۇنداقلا ئۇ كىشى شۇ يامان خىسلەتنىڭ ئۆزىدە بولماسلىقى ئاللاھنىڭ تەۋپىقى ۋە ياردىمى بىلەن بولغانلىقىنى بىلسۇن، ئاندىن قالغان توققۇز خىسلەتكە قارىسۇن. مۇشۇ شەكىلدە بارلىق خىسلەتلەرگە سىزىق سىزسۇن. شۇنىڭدەك نەپسىدىن ئازابتىن قۇتۇلدۇرغۇچى سۈپەتلەر بىلەن قوراللىنىشنى تەلەپ قىلسۇن. نەپسىنى تەۋبە قىلىش ۋە پۇشايمان قىلىشقا ئوخشاش بىر سۈپەت بىلەن سۈپەتلەنگەن ھالەتتە كۆرسە، شۇ سۈپەتكە سىزىق سىزىپ قويۇپ، قالغان سۈپەتلەر بىلەن مەشغۇل بولسا بولىدۇ.

بۇنىڭغا ئاللاھ تائالا رازىلىقىنى كۆزلىگەن تىرىشچان كىشى موھتاج بولىدۇ.

سالىهلەر قاتارىدا سانىلىدىغان كۆپ كىشىلەرگە كەلسەك، ئۇلار ۋاراقچىلىرىگە شۈبھىلىك نەرسىلەرنى يېيىش، غەيۋەت ۋە چېقىمچىلىقتىن تىلىنى تارتماسلىق، جېدەللىشىش، ماختانچاقلىق، ئەۋلىيالارنى دوست تۇتۇشتا ياكى رەقىبلەرنى دۈشمەن تۇتۇشتا ئاشۇرۇۋېتىش، ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇشتا تەخسىكەشلىك قىلىشقا ئوخشاش ئاشكارا گۇناھلارنى ۋاراقچىلەرگە يازسۇن. چۈنكى، ئۆزىنى ياخشىلاردىن سانىغان كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ بەدەن ئەزالىرى بۇ بىر قىسىم گۇناھلاردىن خالىي بولالمايدۇ. بەدەن – ئەزالار گۇناھلاردىن پاك بولماي تۇرۇپ، قەلبنى گۈللەندۈرۈش ۋە پاكلاش بىلەن مەشغۇل بولغىلى بولمايدۇ.

تۈرلۈك كىشىلەر بۇ يامان خىسلەتلەردىن بىرىگە گىرىپتار بولىدۇ. شۇڭا، ئۇ خىسلەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈش ۋە ئۇ يامان سۈپەتلەر ھەققىدە تەپەككۇر قىلىش كېرەك.

مىسال

تەقۋا ئالىم كىشى كۆپىنچە ھالدا دەرس ئۆگىتىش ياكى ۋەز – نەسىھەت قىلىش بىلەن ئىلىملىك ئىكەنلىكىنى، شۆھرەت تەلەپ قىلىش ۋە يۈز – ئابرۇيىنى كۆز – كۆز قىلىشتىن خالىي بولالمايدۇ. كىمكى شۇنداق قىلسا، ئۆزىنى ناھايىتى چوڭ بىر پىتنىگە دۇچار قىلغان بولىدۇ. ئۇ پىتنىدىن پەقەت سىددىق كىشىلەرلا قۇتۇلالايدۇ. بەزىدە ئىلىم ئۆلىمالارنى كۈندەش ئاياللاردەك بىر – بىرىدىن كۈنلەشكە ئېلىپ بارىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالىم كىشى ئالدانغان تۇرۇپ، قەلبىدە «نىجاتلىق» دەپ ئويلاپ قالغان، ئەمەلىيەتتە دەل «ھالاك قىلغۇچى» بولغان سۈپەتلەرنىڭ ئورۇنلاشقانلىقىنىڭ نەتىجىسىدۇر.

كىمكى ئۆزىدە بۇ سۈپەتلەرنى سەزسە، دەرھال باشقىلاردىن ئايرىلىۋېلىشى ۋە يالغۇز تۇرۇشى، داڭقى چىقماسلىققا تىرىشىشى ۋە پەتۋا بېرىشنى باشقىلارغا ئىتتىرىشى لازىم. چۈنكى، ساھابەلەر پەتۋا بېرىشنى بىر – بىرىگە ئىتتىرەتتى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى پەتۋا بېرىش ئىشىدا باشقا قېرىندىشىنىڭ كىشىلەرگە كۇپايە قىلىشىنى ئىستەيتتى. بۇ چاغدا ئىنسانىي شەيتانلاردىن ساقلىنىش كېرەك. چۈنكى، ئىنسانىي شەيتانلار «بۇنداق قىلىش ئىلىمنىڭ ئۆچۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدۇ» دەيدۇ. ئالىم كىشى ئۇلارغا: «ئىسلام دىنى مەندىن بىھاجەت، ئەگەر مەن ئۆلۈپ كەتسەممۇ ئىسلام دىنى يىقىلىپ چۈشمەيدۇ. مەن بولسام قەلبىمنى ئىسلاھ قىلىشتىن بىھاجەت ئەمەسمەن» دېسۇن. ئالىم كىشىنىڭ تەپەككۇرى قەلبىدىكى بۇ يوشۇرۇن سۈپەتلەرنى چۈشىنىش بولسۇن. ئاللاھ تائالادىن قەلبلىرىمىزنىڭ بۇزۇقلۇقىنى ئىسلاھ قىلىشىنى ۋە بىزنى ئۆزى رازى بولىدىغان ئىشلارغا مۇۋەپپەق قىلىشىنى سورايمىز.

 

پەسىل
مەخلۇقات ھەققىدە قانداق تەپەككۇر قىلىشنىڭ بايانى

 

ئالدىنقى پەسىللەردە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «ئاللاھ تائالانىڭ نېئمەتلىرى ھەققىدە تەپەككۇر قىلىڭلار، ئاللاھنىڭ زاتى ھەققىدە تەپەككۇر قىلماڭلار»(3) دېگەن سۆزى بايان قىلىندى.

ھەقىقەتەن، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ زاتى ھەققىدە تەپەككۇر قىلىش چەكلىنىدۇ. سەۋەبى شۇكى، ئەقىللەر ئاللاھ تائالانىڭ زاتىنى تەپەككۇر قىلىشتىن تېڭىرقاپ قالىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ تائالا نە ئەقىللەر ۋە نە قەلبلەر بىلەن ئوخشىشىنى خىيال – تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن بولمايدىغان بۈيۈك زاتتۇر. ﴿ھېچ شەيئى ئاللاھقا ئوخشاش ئەمەستۇر، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر﴾(42/«شۇرا»: 11). ئاللاھ تائالانىڭ مەخلۇقاتلىرى ھەققىدە تەپەككۇر قىلىشقا كەلسەك، قۇرئان كەرىمدە ئۇنىڭغا قىزىقتۇرۇش ھەققىدە ئايەتلەر بار. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿شۈبھىسىزكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرۇشىدا ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن، ئەلبەتتە روشەن دەلىللەر بار. ئۇلار ئۆرە تۇرغاندىمۇ، ئولتۇرغاندىمۇ، ياتقاندىمۇ ئاللاھنى ئەسلەپ تۇرىدۇ، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزىدۇ. (ئۇلار ئېيتىدۇ): «پەرۋەردىگارىمىز! بۇنى بىكار ياراتمىدىڭ، سەن پاكتۇرسەن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن»﴾(3/«ئال ئىمران»: 190، 191). ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿ئېيتقىنكى، «ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنى كۆزىتىڭلار. مۆجىزىلەر ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچىلارنىڭ (يەنى پەيغەمبەرلەرنىڭ) ئىمان ئېيتمايدىغان قەۋمگە پايدىسى بولمايدۇ﴾(10/«يۇنۇس»: 101).

مەنىيدىن يارىتىلغان ئىنسان ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرەت ئالامەتلىرىدىن بىرىدۇر. شۇڭا، ئىنسان ئۆزى ھەققىدە تەپەككۇر قىلسۇن! چۈنكى، ئىنساننىڭ يارىتىلىشىدا ئاللاھ تائالانىڭ بۈيۈكلۈكىگە دالالەت قىلىدىغان ئاجايىباتلار بار(4). بۇ ئاجايىباتلارنى بىلىش ئۈچۈن ئۆمۈرلەر سەرپ قىلىنسا، ئوننىڭ بىرىنى بىلىپ بولغىلى بولمايدۇ. ھالبۇكى، ئىنسان ئۇنىڭدىن غاپىلدۇر. ئاللاھ تائالا ئىنساننى ئۆزىنىڭ نەپسى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈشكە بۇيرۇپ: ﴿زېمىندا ۋە ئۆزۈڭلاردا ئاللاھقا چىن ئېتىقاد قىلىدىغانلار ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى ۋە بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن ئالامەتلەر بار، (بۇنى) كۆرمەمسىلەر؟﴾(51/«زارىيات»: 21) دەيدۇ.

تاغلارغا يوشۇرۇلغان گۆھەرلەر، ئالتۇن، كۈمۈش، پىروزا ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش قىممەتلىك تاش، مېتاللار، شۇنىڭدەك نېفىت، گۈڭگۈرت ۋە قارىمايلارغا ئوخشاش بايلىقلار ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرەت ئالامەتلىرىدىندۇر.

يەر يۈزىنىڭ ھەممە يېرىنى قورشاپ تۇرغان چوڭقۇر دېڭىز ۋە مۇئەززەم ئوكيانلارمۇ ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرەت ئالامەتلىرىدىن بىرىدۇر. ئەگەر يەر يۈزىدىكى پۈتۈن قۇرۇقلۇق ۋە تاغلار كەبى ئوچۇق زېمىنلار بىر جايغا توپلانسا، پۈتۈن سۇلارغا قىياسەن ئوكيانۇستىكى كىچىك بىر ئارالچىلىك كېلەتتى. دېڭىز – ئوكيانلاردا بىز قۇرۇقلۇقتا كۆرگەندىن نەچچە ھەسسە كۆپ ئاجايىباتلار بار.

ئاللاھ تائالانىڭ مەرۋايىتنى قانداق ياراتقانلىقىغا، ئۇنى سۇ ئاستىدىكى سەدەپ ئىچىدە قانداق يۇمىلاق قىلغانلىقىغا قارىغىن! ئاللاھ تائالانىڭ ئۈنچە – مارجاننى سۇ ئاستىدىكى قاتتىق تاشلار ئىچىدە قانداق ئۆستۈرگەنلىكىگە، ئۇنىڭدىن باشقا دېڭىز قىرغاققا ئاتىدىغان ئەنبەرلەر ۋە ھەر تۈرلۈك نەرسىلەرنى ئاللاھنىڭ قانداق ياراتقانلىقىغا قارىغىن!

ئاللاھ تائالانىڭ كېمىلەرنى سۇ ئۈستىدە قانداق لەيلىتىپ، شاماللار ئارقىلىق قانداق ماڭدۇرىدىغانلىقىدەك ئاجايىباتلارغا قارىغىن!

بۇنىڭدىنمۇ ھەيران قالارلىقى سۇدۇر. سۇ زېمىن يۈزىدىكى ھايۋان بولسۇن، ئۆسۈملۈك بولسۇن ھەممىسىنىڭ ھاياتلىق مەنبەسىدۇر. ئەگەر بىر كىشى سۇ ئىچىشكە موھتاج بولسا ۋە سۇ ئىچىشتىن چەكلەنسە، ئەگەر ئۇنىڭ قول ئىلكىدە پۈتۈن دۇنيانىڭ خەزىنىلىرى بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇنى بىر يۇتۇم سۇغا پىدا قىلغان بولاتتى. سۇ ئىچىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ ئىچكەن سۇنى سىرتقا چىقىرالمىسا، زېمىندىكى بارلىق خەزىنىلەرنى چىقىرىپ بولسىمۇ، شۇ سۇنى تېنىدىن چىقىرىشقا سەرپ قىلغان بولاتتى. شۇڭا، بەندە بۇ نېئمەتتىن غاپىل قالماسلىقى كېرەك.

ھاۋا ئاللاھ تائالانىڭ نېئمەتلىرىدىن بىرىدۇر. ھاۋا بولسا كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان نازۇك جىسىمدۇر. سەن ھاۋانىڭ قاتتىقلىقى ۋە كۈچىگە، ھاۋانىڭ ئاجايىباتلىرىغا، جۈملىدىن يامغۇر بۇلۇتلىرى، گۈلدۈرماما، چاقماق، يامغۇر، قار، مۆلدۈر، ئاقار يۇلتۇزلار، چاقماق ئاۋازى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئاجايىباتلارغا قارىغىن!

دېڭىز جانلىقلىرىنىڭ سۇدا ئۈزگەنلىكىگە، ئۇچار قۇشلارنىڭ قانات كېرىپ ھاۋادا پەرۋاز قىلىشلىرىغا قارىغىن! ئاندىن كۆككە، كائىناتنىڭ تېرەنلىكىگە، يۇلتۇزلارغا، قۇياش ۋە ئايغا قارىغىن! ھەربىر يۇلتۇزنىڭ رەڭگى، شەكلى ۋە ئورۇنلىشىشىدا ئاللاھ تائالانىڭ ھېكمىتى بار. ئاللاھ تائالانىڭ كېچىنى كۈندۈزگە ۋە كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىدىغانلىقىغا قارىغىن! قۇياشنىڭ سەيرىگە قارىغىن! قۇياش سەيرىنىڭ ياز، قىش، ئەتىياز ۋە كۈزدە قانداق ئۆزگۈرىدىغانلىقىغا قارىغىن! «قۇياش زېمىندىن بىر يۈز ئاتمىش نەچچە ھەسسە چوڭدۇر» دەرلەر. شەكسىزكى، ئاسماندىكى ئەڭ كىچىك يۇلتۇزمۇ زېمىندىن سەككىز ھەسسە چوڭدۇر. دېمەك، بىر يۇلتۇز مۇشۇنداق چوڭ بولغان يەردە سانسىز يۇلتۇزلار جايلاشقان كائىناتقا قارىغىن! كۆزۈڭ شۇنچە كىچىك تۇرۇپ ئۇلارنى كۆرەلىگەنلىكىنى ئويلىغىن! ئەگەر ئۆيى ئالتۇن ھەل بىلەن زىننەتلەنگەن بىر باينىڭ ئۆيىگە كىرسەڭ، ئۇنىڭغا ھەيرەتلىنىسەن ۋە ئۇ ئۆينى داۋاملىق ئەسلەپ تۇرىسەن. سەن ئاسماندىن ئىبارەت ئۇشبۇ بۈيۈك ئۆيگە، ئۇنىڭ زېمىنىغا، تورۇسىغا، ئاجايىباتلىرىغا، نەرسە – كېرەكلىرىگە، ئاجايىب نەقىشلىرىگە قارايسەنۇ، ئەمما ئۇنى سۆزلىمەيسەن، قەلبىڭ بىلەن ئۇنىڭغا قارىمايسەن ۋە ياراتقۇچىڭنىڭ بىنا قىلغىنىنى ئويلىمايسەن. بۇ ھەقىقەتەن ھەيران قالارلىق بىر ئىشتۇر. سەن ئۆزۈڭنى ۋە پەرۋەردىگارىڭنى ئۇنتۇيسەن، قورسىقىڭ ۋە ھەۋەسلىرىڭ بىلەن مەشغۇل بولىسەن. سەن غەپلەتتە بەئەينى بىر چۈمۈلىگە ئوخشايسەنكى، ئۇ چۈمۈلە پادىشاھ قەسرىنىڭ تېمىدىكى ئۇۋىسىدىن چىقىپ، بىر ھەمراھى بىلەن ئۇۋىسى ھەققىدە سۆزلىشىپ، ئۇنى قانداق بىنا قىلغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئىچىگە يىغقان نەرسىلىرىنى سۆزلەيدۇ. ئەمما، پادىشاھ قەسرىنى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى كىشىلەرنى تىلغا ئالمايدۇ. دېمەك، سەن ئاسمان ھەققىدە شۇ چۈمۈلە سېنىڭ ئۆيۈڭنىڭ تورىسىدىن بىلگەنچىلىك نەرسە بىلىسەن.

مانا بۇلار تەپەككۇر قىلغۇچىلارنىڭ پىكرى ئايلىنىدىغان بىر قىسىم نەرسىلەرنىڭ بايانىدۇر. ئۆمۈر ھەقىقەتەن قىسقا. ئىلىملەر بەزى مەخلۇقاتلارنى بىلىشتىن ئاجىز كېلىدۇ. لېكىن، سەن مەخلۇقاتلارنىڭ ئاجايىباتلىرىنى قانچە كۆپ بىلىشنى خاھلىساڭ، سېنى ياراتقۇچىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى بىلىشىڭ شۇنچە مۇكەممەل بولىدۇ. بۇ يەردە ئىشارەت قىلىپ ئۆتۈلگەنلەرنى «شۈكۈر قىلىش» ھەققىدىكى تېمىدا سۆزلىگەنلىرىمىز بىلەن قوشۇپ تەپەككۇر قىلغىن! ئىنسان بۇ نەرسىلەرگە «بۇلار ئاللاھ تائالانىڭ ياراتقانلىرى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ مەخلۇقاتلىرى» دەپ قارىسا، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋە كاتتىلىقىنى بىلىپ پايدا ئالىدۇ. كىمكى بۇ نەرسىلەرگە «سەۋەبلەرنى پەيدا قىلغۇچى ئاللاھ تائالاغا باغلىنىشلىق» دەپ ئەمەس، «بەزىسى بەزىسىگە تەسىر قىلىدۇ» دېگەن تەرەپتىنلا قارىسا، بەختسىز بولىدۇ. جاھىلانە قەدەملىرىمىزنىڭ ھەق يولدىن تېيىپ كېتىشىدىن، گۇمراھلىقلارغا مايىل بولۇپ قېلىشتىن ئاللاھ تائالاغا سىغىنىپ پاناھ تىلەيمىز. بىز كۆرمەيدىغان پەرىشتىلەر ۋە جىنلار ھەققىدە تەپەككۇر قىلىشنىڭ يولى يوق. شۇڭا، بىز كۆزىمىز بىلەن كۆرىدىغان نەرسىلەرنى سۆزلىدۇق.

ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.

ئىمام ئىبنى قۇدامە ئەلمەقدىسىينىڭ: «مۇختەسەرۇ مىنھاجۇل قاسىدىن» كىتابىدىن.

تەرجىـــمە قىلـــــغۇچى: ئابدۇللاھ ئابدۇلمەجىد


1. تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، 11/313 ۋە «ئەلمۇئجەمۇل ئەۋسەت (6319)؛ بەيھەقىي: «شۇئەبۇلئىمان»، (119). باشقا بىرقانچە سەنەد بىلەنمۇ رىۋايەت قىلىنغان بولۇپ، ئىمام سەخاۋىي: («ئەلمەقاسىدۇل ھەسەنە»، 261 – بەت) «بۇ سەنەدلەرنىڭ ھەممىسى زەئىف، لېكىن ئۇلارنىڭ جۇغلانمىسى كۈچلىنىدۇ. مەناسى سەھىھ» دېگەن. ئالبانىيمۇ: («سەھىھۇلجاﻣﯩﺌ»، 2975) «ھەسەن» دېگەن.
2. ئىمام ئەھمەد: «ئەززۇھد»، (741).
3. تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، 11/313 ۋە «ئەلمۇئجەمۇل ئەۋسەت (6319)؛ بەيھەقىي: «شۇئەبۇلئىمان»، (119). باشقا بىرقانچە سەنەد بىلەنمۇ رىۋايەت قىلىنغان بولۇپ، ئىمام سەخاۋىي: («ئەلمەقاسىدۇل ھەسەنە»، 261 – بەت) «بۇ سەنەدلەرنىڭ ھەممىسى زەئىف، لېكىن ئۇلارنىڭ جۇغلانمىسى كۈچلىنىدۇ. مەناسى سەھىھ» دېگەن. ئالبانىيمۇ: («سەھىھۇلجاﻣﯩﺌ»، 2975) «ھەسەن» دېگەن.
4. «شۈكۈر قىلىش توغرىسىدا» دېگەن تېمىدا ئىنساننىڭ يارىتىلىشى ھەققىدە بەزى بايانلار ئۆتتى. شۇ يەرگە مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

Please follow and like us: