راستچىللىق، ئۇنىڭ ھەقىقىتى ۋە ئۇنىڭ پەزىلىتى

راستچىللىق، ئۇنىڭ ھەقىقىتى ۋە ئۇنىڭ پەزىلىتى

«سەھىھەين»دە ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «دائىما راستچىل بولۇڭلار. چۈنكى، راستچىللىق ياخشىلىققا باشلايدۇ، ياخشىلىق جەننەتكە باشلايدۇ. بىر ئادەم داۋاملىق راست سۆزلەپ، راستچىل بولۇشقا تىرىشسا، ئاخىرى ئاللاھ تائالانىڭ نەزەرىدە ‹راستچىل› دەپ يېزىلىدۇ»(1) دېگەن.

بىشر ھافىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئاللاھقا راستچىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلسا، كىشىلەردىن ئۆزىنى يالغۇزلۇق ھېس قىلىدۇ».

راستچىللىق كەلىمىسى بىرنەچچە مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ:

بىرىنچى: سۆزىدە راستچىل بولۇش. ھەربىر بەندە سۆزلىرىگە دىققەت قىلىشى، پەقەت راستچىللىق بىلەن گەپ قىلىشى لازىم. ئېغىزدا راستچىل بولۇش راستچىللىق تۈرلىرىنىڭ ئەڭ مەشھۇر ۋە ئەڭ ئاشكارىسىدۇر. ئىما – ئىشارە، كىنايە بىلەن گەپ قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. چۈنكى، ئۇ يالغانچىلىققا ئوخشايدۇ. لېكىن، ھاجەت چۈشسە، ئىما – ئىشارە، كىنايىلىك سۆزلەرگە يول باردۇر. چۈنكى، شارائىت بەزىدە بۇنى تەقەززا قىلىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم غازات قىلماقچى بولسا، دۈشمەن خەۋەر تېپىپ تەييارلىق قىلىۋالماسلىقى ئۈچۈن، ھۇجۇم قىلماقچى بولغان نىشاننىڭ نامىنى باشقا نىشان بىلەن يوشۇراتتى(2).

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىشىلەرنى ياراشتۇرۇش ئۈچۈن ياخشى سۆزلەرنى توشۇغان — ياكى ياخشى سۆزلەرنى قىلغان — ئادەم يالغانچى ھېسابلانمايدۇ»(3).

ئىنسان ئۆزىنىڭ ﴿مەن ھەقىقەتەن، باتىل دىنلاردىن ھەق دىنغا بۇرۇلۇپ، ئاسمانلارنى، زېمىننى ياراتقان زاتقا يۈزلەندىم، مەن مۇشرىكلەردىن ئەمەسمەن﴾(6/«ئەنئام»: 79) دېگەن سۆزىگە ئوخشاش، پەرۋەردىگارىغا پىچىرلىغاندىمۇ گەپلىرىدە راستچىللىق مەنىسىگە رىئايە قىلىشى لازىم.

ئەگەر كىشىنىڭ قەلبى دۇنيا بىلەن مەشغۇل بولۇپ، ئاللاھ تائالادىن يۈز ئۆرۈگەن بولسا، ئۇنداق كىشى يالغانچى ھېسابلىنىدۇ.

ئىككىنچى: نىيەت ۋە ئىرادىدە راستچىل بولۇش. يەنى ئىخلاسمەن بولۇش. ئەگەر قىلغان ئەمىلىگە كىچىككىنە نەپس ئارىلاشسا، نىيەتنىڭ راستچىللىقى يوقىلىدۇ. ئۇنداق ئەمەل قىلغۇچى رىياكار ئالىم، قارىي ۋە مۇجاھىد ھەققىدە كەلگەن ھەدىستىكىدەك(4) يالغانچى بولىدۇ. قارىي كىشى ئاللاھ تائالاغا «مەن سېنىڭ رازىلىقىڭ ئۈچۈن قۇرئان ئوقۇدۇم» دېگەندە، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئوقۇغان قۇرئانىنى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئىرادىسى ۋە نىيتىنى يالغانغا چىقىرىدۇ. ئۇنىڭ مۇجاھىد ۋە ئالىم ئىككى ھەمراھىنىمۇ شۇنداق قىلىدۇ.

ئۈچىنچى: نىيەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ۋاپا قىلىشتا راستچىل بولۇش.

نىيەت قىلىشتا راستچىل بولۇشقا كەلسەك، مەسىلەن بىر كىشى «ئەگەر ئاللاھ ماڭا مال بەرسە، ھەممىسىنى سەدىقە قىلاتتىم» دەيدۇ. بۇ ئىرادە راست بولۇشىمۇ ۋە ئۇنىڭدا ئىككىلىنىش بولۇشىمۇ مۇمكىن.

نىيەتكە ۋاپا قىلىش بولسا ئىرادىسىدە راستچىل بولۇش ۋە قىلغان ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىپ نەپسىگە سېخىيلىق قىلىش قاتارلىقلار دېگەندەك. چۈنكى، ھەقىقەت ۋە ئىرادىلەر ئەمەلىي بولسا ۋە نەپس شەھۋەتكە غالىب كەلسە بۇنى ھېچ قىيىنچىلىقسىز قىلغىلى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاللاھ تائالا: ﴿مۇئمىنلەرنىڭ ئىچىدە (رەسۇلۇللاھ بىلەن غازاتقا چىققاندا ساباتلىق بولۇپ، شەھىد بولغانغا قەدەر دادىللىق بىلەن جەڭ قىلىش توغرۇلۇق) ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىنى ئىشقا ئاشۇرغان نۇرغۇن كىشىلەر بار. ئۇلارنىڭ بەزىسى (ئەھدىگە ۋاپا قىلىپ) شەھىد بولدى، بەزىسى (شەھىد بولۇشنى) كۈتمەكتە، ئۇلار (پەرۋەردىگارىغا بەرگەن ئەھدىسىنى) ھەرگىز ئۆزگەرتكىنى يوق﴾(33/«ئەھزاب»: 23) دەيدۇ.

ئاللاھ تائالا يەنە باشقا ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزىلەر: «ئەگەر ئاللاھ بىزگە ئۆز پەزلىدىن ئاتا قىلسا (يەنى رىزقىمىزنى كەڭ قىلسا) ئەلبەتتە سەدىقە بېرەتتۇق، ئەلبەتتە ياخشىلاردىن بولاتتۇق» دەپ ئاللاھقا ئەھدە قىلدى. ئاللاھ ئۇلارغا ئۆز پەزلىدىن ئاتا قىلغان (يەنى باي قىلغان) چاغدا، بېخىللىق قىلىشتى (يەنى ئەھدىنى بۇزۇپ، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىشتىن يۈز ئۆرۈشتى). ئۇلار (سەدىقە قىلىمىز، ياخشىلاردىن بولىمىز دەپ) ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقلىرى، (ئىمانىنى، ئېھسانىنى دەۋا قىلىشتىكى) يالغانچىلىقلىرى ئۈچۈن، ئاللاھقا مۇلاقات بولىدىغان كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) گە قەدەر مۇناپىقلىقنىڭ دىللىرىدا (يىلتىز تارتىپ) تۇرۇشىنى ئاللاھ ئۇلارنىڭ (ئىشىنىڭ) ئاقىۋىتى قىلدى﴾(9/«تەۋبە»: 77).

تۆتىنچى: ئەمەللەردە راستچىل بولۇش. يەنى كىشىنىڭ يوشۇرۇن ئىشلىرى بىلەن ئاشكارا ئىشلىرىنىڭ باراۋەر بولۇشىدۇر. شۇندىلا ئۇنىڭ خۇشۇﺋ ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئاشكارا ئەمەللىرى ئۇنىڭ يوشۇرۇن ئەمىلىگە دالالەت قىلمايدۇ ۋە يوشۇرۇن ئەمىلى ئاشكارا ئەمىلىنىڭ ئەكسىچە بولۇپ قالمايدۇ.

مۇتەررىف رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «بىر بەندىنىڭ يوشۇرۇن ئەمىلى بىلەن ئاشكارا ئەمىلى باراۋەر بولسا، ئاللاھ تائالا ئۇنى بۇ مېنىڭ ھەقىقىي بەندەم دەيدۇ».

بەشىنچى: دىندا راستچىل بولۇش. بۇ بولسا راستچىللىق دەرىجىلىرىنىڭ ئەڭ ئالىيسىدۇر. مەسىلەن، ئاللاھ تائالادىن قورقۇش، ئۈمىدۋارلىق، زاھىدلىق، رازى بولۇش، ياخشى كۆرۈش ۋە تەۋەككۈل قىلىش قاتارلىق ئىشلاردا راستچىل بولغانغا ئوخشاش. چۈنكى، بۇ ئىشلارنىڭ پرىنسىپلىرى بار بولۇپ، بۇلار نامايان بولغىنىدا ئۇنىڭغا ئىسمى قوللىنىلىدۇ. ئۇنىڭ غايە ۋە ھەقىقەتلىرى بولىدۇ. بۇ ئىشلارنىڭ ھەقىقىتىگە يەتكۈچى ھەقىقىي راستچىل كىشى ھېسابلىنىدۇ.

بىر ئىشنى مۇكەممەل قىلغان كىشى ‹راستچىل› دەپ ئاتىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿سىلەرنىڭ كۈن چىققان ۋە كۈن پاتقان تەرەپكە يۈز كەلتۈرۈشۈڭلارنىڭ ئۆزىلا ياخشى ئەمەلگە ياتمايدۇ. بەلكى ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە، پەرىشتىلەرگە، كىتابقا (يەنى ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابلارغا)، پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش، ئاللاھنى سۆيۈش يۈزىسىدىن خىش ـ ئەقرىبالارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، ئىبن سەبىللەرگە (يەنى پۇل ـ مېلىدىن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان مۇساپىرلارغا)، سائىللارغا ۋە قۇللارنىڭ ئازادلىققا ئېرىشىشىگە پۇل ـ مال ياردەم بېرىش، ناماز ئوقۇش، زاكات بېرىش، ئەھدىگە ۋاپا قىلىش، يوقسۇزلۇققا، كېسەللىككە ۋە (ئاللاھنىڭ يولىدا قىلىنغان) ئۇرۇشقا بەرداشلىق بېرىش ياخشى ئەمەلگە كىرىدۇ. ئەنە شۇلار (يەنى يۇقىرىقى سۈپەتلەرگە ئىگە كىشىلەر) (ئىمانىدا) راستچىل ئادەملەردۇر، ئەنە شۇلار تەقۋادار ئادەملەردۇر﴾(2/«بەقەرە»: 177).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿شۈبھىسىزكى، (ھەقىقىي) مۇئمىنلەر ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان كەلتۈرگەن، ئاندىن (ئىمانىدا) شەك كەلتۈرمىگەن، ماللىرى بىلەن، جانلىرى بىلەن ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلغانلاردۇر، ئەنە شۇلار (ئىمان دەۋاسىدا) راستچىللاردۇر﴾(49/«ھۇجۇرات»: 15).

قورقۇشقا دائىر بىر مىسال: ئاللاھ تائالاغا ئىمان ئېيتقان ھەرقانداق بەندە ھەقىقىي قورقۇش دەرىجىسىگە يەتمىسىمۇ، لېكىن ئۇ «قورققۇچى» دەپ تەرىپلەنگۈدەك دەرىجىدە ئاللاھ تائالادىن قورقىدۇ. ئىنساننىڭ سۇلتان ئالدىدا قورقۇپ سارغىيىپ، بىرەر خاتالىق سادىر قىلماقتىن ئەنسىرەپ، تىترەپ تۇرىدىغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟! ئىنسان دوزاختىن قورقىدىغان تۇرۇپ، گۇناھ قىلغاندا دوزاختىن قورقۇش ئالامىتى ئاشكارا بولمايدىغان ئىش بولامدۇ؟! شۇنىڭ ئۈچۈن، ئامىر ئىبنى ئابدۇقەيس: «جەننەتنى تىلىگۈچىنىڭ ۋە دوزاختىن قاچقۇچىنىڭ ئۇخلاپ قالغىنىدىن ھەيرانمەن» دېگەنىكەن.

بۇ ئىشلاردا ھەق – دادىغا يەتكۈزۈپ تەتقىق قىلىش بەكمۇ تەس. بۇ ماقاملارغا تولۇق يەتمەي تۇرۇپ ئۇنىڭ چېكىنى بىلگىلى بولماس. لېكىن، ھەركىم ئۆزىنىڭ ئاجىز ياكى كۈچلۈك بولۇشغا قارىتا بۇلاردىن نېسىۋە ئالىدۇ. كۈچلۈك بولسا، «راستچىل» دەپ ئاتىلىدۇ. ئاللاھ تائالا بىر بەندىنىڭ راستچىللىقىنى بىلسە، ئۇنىڭغا يۈزلىنىدۇ. بۇ دەرىجىلەرنىڭ ھەممىسىدە راستچىل بولغۇچى كەم ئۇچرايدۇ. بىر بەندە بۇ دەرىجىلەرنىڭ بەزىسىدە راستچىل بولۇشى مۇمكىن. ھەممىسىدە راستچىل بولۇش ئەڭ مۇكەممەل راستچىللىقتۇر.

تائەت – ئىبادەتلەر، دەرد – مۇسىبەتلەرنى يوشۇرۇش ۋە كىشىلەرنىڭ ئۇنى بىلىپ قېلىشىنى خاھلىماسلىقمۇ راستچىللىقنىڭ ئالامىتىدۇر.

 

باب: ئۆزىدىن ھېساب ئېلىش ۋە ئاللاھ تائالانى كۆز ئالدىدا تۇتۇش توغرىسىدا
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ھەركىمنىڭ قىلغان ياخشى ۋە يامان ئىشلىرى ئۆزىنىڭ ئالدىدا ئايان بولىدۇ، ئۇلار (يامان ئىشلىرىنى كۆرمەسلىكنى) ئۆزى بىلەن يامان ئىشلىرىنىڭ ئارىسىدا (مەشرىق بىلەن مەغرىبنىڭ ئارىسىدەك) ئۇزۇن مۇساپە بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئاللاھ سىلەرنى ئۆزىنىڭ ئازابىدىن قورقۇتىدۇ. ئاللاھ بەندىلىرىگە مېھرىباندۇر﴾(3/«ئال ئىمران»: 30).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: ﴿قىيامەت كۈنى بىز (ئەمەللەر تارتىلىدىغان) ئادالەت تارازىسىنى ئورنىتىمىز، ھېچ ئادەمگە قىلچە ئۇۋال قىلىنمايدۇ (يەنى ياخشى ئادەمنىڭ ياخشىلىقى كېمەيتىۋېتىلمەيدۇ، يامان ئادەمنىڭ يامانلىقى ئاشۇرۇۋېتىلمەيدۇ)، ئەگەر ئۇنىڭ قىچا چاغلىق ئەمەلى بولسىمۇ، ئۇنى ھازىر قىلىمىز، (بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرىدىن) ھېساب ئېلىشقا بىز يېتەرلىكمىز﴾(21/«ئەنبىياﺋ»: 47).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿كىشىلەرنىڭ نامە ـ ئەمالى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ، گۇناھكارلارنىڭ ئۇنىڭدىكى خاتىرىلەردىن قورققانلىقىنى كۆرىسەن، ئۇلار: «ۋاي بىزگە! بۇ نامە ـ ئەمالغا چوڭ ـ كىچىك گۇناھنىڭ ھەممىسى خاتىرىلىنىپتىغۇ؟» دەيدۇ، ئۇلار قىلغان ـ ئەتكەنلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ نامە ـ ئەمالىغا خاتىرىلەنگەنلىكىنى كۆرىدۇ، پەرۋەردىگارىڭ ھېچ ئادەمگە زۇلۇم قىلمايدۇ﴾(18/«كەھف»: 49).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿بۇ كۈندە كىشىلەر قىلغان ئەمەللىرىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن توپ ـ توپ بولۇپ تارىلىپ كېتىدۇ. كىمكى زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرىدۇ. كىمكى زەررىچىلىك يامان ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ﴾(98/«زەلزەلە»: 6 – 8).

بۇ ۋە بۇنىڭغا ئوخشىغان ئايەتلەر ئاخىرەتتىكى ھېساب ئېلىشنىڭ خەتىرىنى بايان قىلىدۇ. ئەقىل ئىگىلىرى بۇ خەتەردىن قۇتۇلۇشنىڭ يولىنىڭ «نەپسىدىن ھېساب ئېلىش ۋە ئاللاھ تائالانى راستچىللىق بىلەن كۆز ئالدىدا تۇتۇش» ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.

دۇنيادا نەپسىدىن ھېساب ئالغان كىشىنىڭ ئاخىرەتتىكى ھېسابى يەڭگىل بولىدۇ. قايتىدىغان ئورنى گۈزەل بولىدۇ. نەپسىدىن ھېساب ئېلىشقا سەل قارىغان كىشىنىڭ ھەسرەت – نادامىتى داۋام قىلىدۇ.

ئەقىل ئىگىلىرى ئۇلارنى ئاللاھ تائالانىڭ ئازابىدىن پەقەت تائەت – ئىبادەتلا قۇتقۇزىدىغانلىقىنى بىلگەندە، ئاللاھ تائالا ئۇلارنى سەبر قىلىش ۋە چېگرا ساقلاپ جىھادقا تەييار تۇرۇشقا بۇيرۇدى.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئى مۇئمىنلەر! تائەت ـ ئىبادەتنىڭ مۇشەققەتلىرىگە ۋە سىلەرگە يەتكەن ئېغىرچىلىقلارغا سەبر قىلىڭلار، دۈشمەنلەرگە قارشى زىيادە چىداملىق بولۇڭلار، (چېگرالىرىڭلارنى ساقلاپ) جىھادقا تەييار تۇرۇڭلار، مەقسىتىڭلارغا يېتىش ئۈچۈن ئاللاھتىن قورقۇڭلار (يەنى ئۇنىڭ ئەمرىگە مۇخالىپەتچىلىك قىلماڭلار)﴾(3/«ئال ئىمران»: 200).

ئىلگىرىكىلەر ئاۋۋال نەپسىلىرىگە شەرت قويۇش، ئاندىن ئۇنى كۆزىتىش، ئاندىن ھېساب ئېلىش، ئاندىن جازالاش بىلەن نەپسىگە قارشى جىھاد قىلىشقا تەييار تۇردى. شۇ ئارقىلىق ئۇلار ئالتە دەرىجىدە جىھادقا تەييار تۇردى. بۇ دەرىجىلەرنىڭ يىلتىزى ئۆزىدىن ھېساب ئېلىشتۇر. لېكىن، ھەرقانداق ھېساب ئېلىش نەپسكە شەرت قويۇش ۋە نەپسنى كۆزىتىشتىن كېيىن بولىدۇ. ئاندىن كېيىن زىيان تارتقاندا نەپسكە كايىش ۋە ئۇنى جازالاش كېلىدۇ. بۇ دەرىجىلەرنى چۈشەندۈرۈش بەك مۇھىمدۇر.

بىرىنچى دەرىجە: نەپسكە شەرت قويۇش

خۇددى سودىگەر پايدا ئېلىش ئۈچۈن تىجارەتتىكى شېرىكىدىن گاھ ياردەم تەلەپ قىلىپ، گاھ ئۇنىڭغا شەرت قويۇپ، پات – پات ئۇنىڭدىن ھېساب ئېلىپ تۇرغىنىدەك، ئەقىلمۇ نەپس بىلەن شېرىكلىشىشكە، ئۇنىڭغا ۋەزىپىلەرنى يۈكلەشكە، شەرتلەرنى قويۇشقا، نىجاتلىق يولىنى كۆرسىتىشكە، نەپسىنىڭ خىيانەت قىلىشىدىن ۋە ئۆمۈرنى زايە قىلىۋېتىشدىن ئەنسىرىگەچكە ئۇنى دائىم كۆزىتىپ تۇرۇشقا، ئەمەل ئورۇندالغاندىن كېيىن، نەپستىن ھېساب ئېلىش ۋە شەرت قىلغان نەرسىلەرگە ۋاپا قىلىشنى تەلەپ قىلىشقا موھتاج بولىدۇ. ئەقىلنىڭ نەپس بىلەن «شېرىكلىشىپ قىلغان تىجارىتىنىڭ پايدىسى» ئەڭ ئالىي فىردەۋس جەننىتىدۇر.

بۇ بارىدا نەپسىدىن ئىنچىكە ھېساب ئېلىش دۇنيا پايدىلىرىدا نەپسىدىن ئىنچىكە ھېساب ئالغاندىن بەكرەك مۇھىمدۇر. شۇڭا، ئاللاھ تائالا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان ھەربىر كەسكىن ئىرادىلىك كىشىنىڭ نەپسىدىن ھېساب ئېلىشتىن غاپىل قالماسلىقى، نەپسىنىڭ ھەرىكەتلىرى، جىم تۇرۇشلىرى ۋە خىياللىرىغىچە ھەممىسىدىن ھېساب ئېلىپ تۇرۇشى ۋاجىبتۇر. چۈنكى، ئۆمۈر نەپەسلىرىدىن ھەربىر نەپەس قايتۇرۇۋالغىلى بولمايدىغان قىممەتلىك گۆھەردۇر.

بەندە بامدات نامىزىنىڭ پەرزىنى ئادا قىلىپ بولۇپ، قەلبىنى بىر سائەت خىلۋەتتە قويۇپ، نەپسىگە شەرت قىلىپ: «مېنىڭ ئۆمۈردىن باشقا ھېچقانداق مېلىم يوق، مالنىڭ دەسمايىسى يوقاپ كەتسە، قىلغان تىجارەت بىھۇدە بولىدۇ. بۇ يېڭى بىر كۈندە ئاللاھ تائالا ماڭا مۆھلەت بەردى، مېنىڭ ئەجىلىمنى كېچىكتۈردى ۋە مېنى بۇ كۈن بىلەن تارتۇقلىدى. ئەگەر ئاللاھ مېنى قەبزى روھ قىلغان بولسا، ياخشى ئەمەل قىلىۋېلىشىم ئۈچۈن مېنى دۇنياغا يەنە بىر قېتىم قايتۇرۇشىنى ئارزۇ قىلغان بولاتتىم! ئى نەپسىم! سىز ئۆلۈپ، دۇنياغا قايتا قايتۇرۇلدىڭىز. شۇڭا، بۇ كۈننى بىھۇدە ئۆتكۈزۈۋېتىشتىن قاتتىق ساقلىنىڭ! ئى نەپسىم! شۇنى بىلىڭكى! بىر كېچە – كۈندۈز 24 سائەتتۇر. بەندىگە 24 سائەت ئىچىدە سەپ – سەپ تىزىلغان ساندۇقلار يېيىلىدۇ. ئۇنىڭغا شۇ ساندۇقلاردىن بىرى ئېچىلىدۇ. بەندە بىر ساندۇقنى ئۆزىنىڭ شۇ سائىتىدە قىلغان ياخشىلىقلىرىدىن نۇرغا تولغان ھالەتتە كۆرىدۇ. ئۇ نۇر دوزاخ ئەھلىگە بېرىلسە، ئۇلار جەھەننەم ئازابىنىڭ ئەلىمىنى ئۇنتۇغۇدەك دەرىجىدە مەستخۇشلۇققا نائىل بولىدۇ. يەنە بىر بەندىگە بىر ساندۇق ئېچىلىدۇ. ئۇ ساندۇق قاپقاراڭغۇ بىر ساندۇق بولۇپ، ئۇنىڭدىن بىخسىغان سېسىق پۇراقلار ئەتراپقا تارايدۇ. ئۇنىڭ قاراڭغۇلۇقى ئەتراپىنى قاپلايدۇ. بۇ بولسا ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلىنغان سائەتتۇر. ئاندىن ئۇ جەننەت ئەھلىگە تەقسىم قىلىنسىمۇ ئۇلارنىڭ كەيپىنى بۇزىدىغان دەرىجىدە قورقۇنچ ۋە چۆچۈشكە گىرىپتار بولىدۇ.

يەنە بىرىگە بىر قۇرۇق ساندۇق ئېچىلىدۇ. ئۇنىڭدا ئۇنى قايغۇغا تاشلىغۇدەك ياكى خۇشال قىلغۇدەك ھېچنەرسە يوق ساندۇقتۇر. ئۇ بولسا ئىنسان مۇباھ نەرسىلەر بىلەن مەشغۇل بولغان ياكى غاپىللىقتا ئۆتكۈزگەن، ياكى ئۇخلاپ قالغان سائەتتۇر. ئىنسان ئۇ سائەتنى ئېزگۈ ئەمەلسىز ئۆتكۈزۈۋەتكىنىگە ھەسرەت چېكىدۇ ۋە ئۇ كۆپ پايدا ئېلىشقا كۆزى يەتكەن ئىنسان پۇرسەت قولىدىن كەتسە قايغۇرغاندەك قايغۇغا پاتىدۇ.

كىشى مۇشۇنداق ۋاقىت خەزىنىلىرىگە يولۇقسا نەپسىگە: «سىز بۈگۈن ساقلاش ساندۇقىڭىزنى گۈللەندۈرۈشكە تىرىشچانلىق قىلىڭ. ئۇنى بوش قويماڭ. ھۇرۇنلۇق، راھەت – پاراغەتكە مايىل بولماڭ. ئەگەر بۇلارغا مايىل بولسىڭىز باشقىلار ئېرىشەلەيدىغان ئىللىييىن دەرىجىسى قولىڭىزدىن كېتىپ قالىدۇ» دېسۇن. سەلەف سالىهلەردىن بىرى: «ئى نەپسىم! يامان ئىش قىلغۇچىنىڭ ئەپۇ قىلىنىدىغانلىقىنى ئويلىغىن. گەرچە ئۇ ئەپۇ قىلىنسىمۇ، ئەمما ئاللاھنى كۆز ئالدىدا تۇتۇپ ئىبادەت قىلغۇچىلارنىڭ ساۋابى ئۇنىڭ قولىدىن كەتتى ئەمەسمۇ؟» دېگەنىكەن. مانا بۇ ئۇ كىشىنىڭ ۋاقىت ھەققىدە ئۆزىگە قىلغان ۋەسىيتىدۇر.

ئاندىن بەدەندىكى يەتتە ئەزاغا، يەنى كۆز، قۇلاق، تىل، قورساق، ئەۋرەت، قول ۋە پۇت قاتارلىقلارغا ۋەسىيەت قىلىنىدۇ. ئاندىن بۇ ۋەسىيەت نەپسكە تاپشۇرۇلىدۇ. چۈنكى، بۇ ئەزالار ئۇشبۇ مەڭگۈلۈك تىجارەتتە نەپسنىڭ خىزمەتچى پۇقرالىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەزالار ئارقىلىق نەپسنىڭ ئىشلىرى مۇكەممەل بولىدۇ. يەنە يەتتە ئەزاغا جەھەننەم ئىشىكلىرىنىڭ شۇ ئەزالارنىڭ سانىچە يەتتە ئىشىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. جەھەننەمنىڭ ئاشۇ ئىشىكلىرى بۇ ئەزالار بىلەن ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلغان كىشىلەرگە تەيىن قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئەزالارغا ئۆزىنى گۇناھ – مەئسىيەتلەردىن ساقلاشنى نەسىھەت قىلىدۇ.

كۆزنى قاراش ھارام نەرسىلەردىن ياكى مۇسۇلمانغا تۆۋەن كۆرۈش نەزەرى بىلەن قاراشتىن ۋە بارلىق بىھۇدە نەرسىلەرگە قاراشتىن ساقلاش ۋە پايدىلىق نەرسىلەرگە قاراش بىلەن مەشغۇل قىلىش كېرەك. كۆزگە پايدىلىقى بولسا ئاللاھ تائالا ياراتقان ئاجايىپ نەرسىلەرگە ئىبرەت ئېلىش نەزەرى بىلەن قاراش، ئەگىشىش ئۈچۈن ياخشى كىشىلەرنىڭ ئەمەللىرىگە قاراش، ئاللاھ تائالانىڭ كىتابى ۋە پەيغەمبىرىنىڭ سۈننىتىگە قاراش، پەند – نەسىھەت ئېلىش ۋە پايدىلىنىش ئۈچۈن ھېكمەت كىتابلىرىنى كۆرۈش قاتارلىقلار بىلەن مەشغۇل قىلىشتۇر.

ھەربىر ئەزاغا ئۆزىگە يارىشا نەسىھەتلەرنى قىلىش، بولۇپمۇ تىل ۋە قورساققا نەسىھەت قىلىش كېرەك. بىز ئىلگىرى تىلنىڭ ئاپەتلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتۇق. تىلىنى تىل يارىتىلغان زىكىر ئېيتىش، باشقىلارغا نەسىھەت قىلىش، ئۆگەنگەن ئىلىملەرنى تەكرارلاش، بەندىلەرنى ئاللاھ تائالانىڭ يولىغا يېتەكلەش، ئاداۋەتلىشىپ قالغان كىشىلەرنىڭ ئارىسىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان باشقا ياخشى ئىشلارغا مەشغۇل قىلىش كېرەك.

قورساقنى ئاچكۆزلۈكنى تاشلاش، شەك – شۈبھە ۋە كەيف – لەززەتلەردىن يىراق تۇرۇشقا تەكلىپ قىلىش، زۆرۈرىيەت مىقدارىدا تاماق يېيىش بىلەن كۇپايىلىنىش كېرەك. قورساق ئەگەر بۇلاردىن بىرەرسىگە قارشىلىق قىلسا، ئۇنى لەززەت بىلەن ئېرىشكەن نەرسىسىدىن كۆپرەك نەرسىدىن مەھرۇم قىلىش ئۈچۈن، لەززەتتىن چەكلەش بىلەن جازالاشنى نەپسكە شەرت قىلىش كېرەك.

بارلىق ئەزالارغا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش نەسىھەتلەرنى قىلىشى كېرەك. تەپسىلىي سۆزلىسەك، گەپ بەك ئۇزىراپ كېتىدۇ. ئومۇمەن، ئەزالارغا تائەت – ئىبادەت قىلىش ۋە يوشۇرۇن گۇناھ – مەئسىيەتلەردىن يىراق تۇرۇشنى نەسىھەت قىلىش كېرەك.

شۇنداقلا، قىلىشقا قادىر بولالايدىغان نەپلە ئەمەللەردىن ھەر كېچە – كۈندۈزدە تەكرارلىنىدىغان ئىبادەت ۋەزىپىلىرىنى ئادا قىلىش نەپسكە نەسىھەت قىلىنىدۇ.

بۇ شەرتلەر ئىنسان نەپسى ئادەتلىنىشى ئۈچۈن ھەركۈنى موھتاج بولىدىغان شەرتلەردۇر. لېكىن، ھەركۈنى يېڭى يېڭى ھادىسىلەر يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. ئۇ ھادىسىلەردە ئاللاھ تائالانىڭ ھەق بولغان يېڭى بىر ھۆكمى بولىدۇ. بۇ ئەھۋال ئىگىدارچىلىق قىلىش ياكى تىجارەت ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغان كىشىلەرگە كۆپ ئۇچرايدۇ.

چۈنكى، ھەربىر كۈن ئاللاھ تائالانىڭ ھەق ھۆكۈم چىقىرىشىغا موھتاج بولىدىغان يېڭى بىر ۋەقەلىكتىن خالىي بولمايدۇ. بۇنىڭغا بىنائەن ئىنسان ئۆزىگە توغرا يولدا بولۇش ۋە ھەقكە بويسۇنۇشنى شەرت قىلىشى كېرەك.

شەدداد ئىبنى ئەۋس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئەقىللىق كىشى — ئۆز نەپسىدىن ھېساب ئېلىپ، ئاخىرەت ئۈچۈن ئەمەل قىلغۇچىدۇر؛ ئاجىز كىشى بولسا، ھاۋايى ـ ھەۋەسكە بېرىلىپ، ئاللاھتىن ئۈمىد كۈتۈپ ياتقۇچىدۇر»(5) دېگەن.

ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «ھېساب ئېلىنىشىڭلاردىن ئىلگىرى ئۆزەڭلاردىن ھېساب ئېلىڭلار، ئۆلچىنىشڭلاردىن بۇرۇن نەپسىڭلارنى ئۆلچەپ بېقىڭلار، ئەڭ چوڭ كۆرسىتىلىشكە تەييارلىق قىلىڭلار، ﴿بۇ كۈندە سىلەر (ئاللاھقا) (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) كۆرسىتىلىسىلەر، سىلەر ھېچقانداق بىر سىرنى يوشۇرۇپ قالالمايسىلەر﴾(69/«ھاققە»: 18) دېگەن(6).

ئىككىنچى دەرىجە: ئاللاھ تائالانى كۆز ئالدىدا تۇتۇش

ئىنسان ئۆزىگە ۋەسىيەت قىلسا ۋە بىز تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ئىشلارنى نەپسىگە شەرت قىلسا، نەپسىنى كۆزىتىش ۋە نەپسىگە قاراشتىن باشقا نەرسە قالمايدۇ. «ئېھسان» چۈشەندۈرۈلگەن سەھىھ ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم «ئېھسان دېگەن نېمە؟» دەپ سورالغان سوئالغا: «ئېھسان سېنىڭ ئاللاھ تائالانى كۆرۈپ تۇرغاندەك ئىبادەت قىلىشىڭدۇر، ئەگەر سەن ئاللاھ تائالانى كۆرمىسەڭمۇ، ئاللاھ تائالا سېنى كۆرۈپ تۇرىدۇ»(7) دەپ جاۋاب بەرگەن. رەسۇلۇللاھ بۇ سۆزى بىلەن ئىبادەت قىلغان ۋاقىتتا ئاللاھ تائالانى كۆز ئالدىدا تۇتۇش ۋە ئاللاھ تائالانىڭ بۈيۈكلۈكىنى قەلبىدە ھازىر قىلىشنى ئىرادە قىلغان.

رىۋايەت: «شىبلىي رەھىمەھۇللاھ ئەبۇلھۇسەين ئەننۇرىينىڭ يېنىغا كىرىپتۇ. ئەبۇلھۇسەين جىمجىتقىنە ئولتۇرغان بولۇپ، مىدىر – سىدىر قىلماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن شىبلىي ئۇنىڭغا:

— بۇ كۆز ئالدىدا تۇتۇش ۋە جىم ئولتۇرۇشنى كىمدىن ئۆگەندىڭ؟ — دەپ سوراپتۇ. ئەننۇرىي:

— مۈشۈكتىن ئۆگەندىم، بىزنىڭ مۈشۈكىمىز چاشقان تۇتماقچى بولسا، چاشقان تۆشۈكىنىڭ بېشىدا جىممىدە تۇرىدۇ، ئۇنىڭ بىر تال تۈكىمۇ مىدىرلىمايدۇ، — دەپ جاۋاب بەرگەنىكەن».

ئىنسان ئۆز نەپسىنى ئەمەل قىلىشتىن ئالدىن ۋە ئەمەل قىلىش جەريانىدا كۆزىتىشى، ئۇنى ئەمەل قىلىشقا نەپسىنىڭ خاھىشى ھەرىكەتلەندۈردىمۇ ياكى ئاللاھ تائالا ھەرىكەتلەندۈردىمۇ؟ بۇنى كۆزىتىشى كېرەك. ئەگەر ئاللاھ تائالادىن قورقۇش ئۇنى ئەمەل قىلىشقا ھەرىكەتلەندۈرگەن بولسا، ئۇ ئەمەلنى قىلىۋېرىشى، ئەگەر كۆڭۈل خاھىشى ھەرىكەتلەندۈرگەن بولسا، ئۇنى تەرك ئېتىشى كېرەك. مانا بۇ «ئىخلاس» دېيىلىدۇ.

ھەسەن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئۆز نىيىتى ئۈستىدە توختاپ، ئەگەر نىيىتى ئاللاھ تائالا رىزالىقى ئۈچۈن بولسا، نىيەت قىلغان نەرسىسىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان، ئەگەر باشقا غەرەز ئۈچۈن بولسا، نىيەت قىلغان نەرسىسىنى كېچىكتۈرىدىغان كىشىگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن».

بەندىنىڭ تائەت – ئىبادەتتە ئاللاھ تائالانى كۆز ئالدىدا تۇتۇشى بولسا تائەت – ئىبادەتنى خالىس ئاللاھ تائالا ئۈچۈن قىلىشتا بولىدۇ. گۇناھ – مەئسىيەتلەردە ئاللاھ تائالانى كۆز ئالدىدا تۇتۇش بولسا گۇناھ – مەئسىيەتكە تەۋبە قىلىش، پۇشايمان قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن ئۆزىنى تارتىش بىلەن بولىدۇ. مۇباھ ئىشلاردا ئاللاھ تائالانى كۆز ئالدىدا تۇتۇش بولسا ئەدەبلەرگە رىئايە قىلىش ۋە نېئمەتلەرگە شۈكۈر قىلىش بىلەن بولىدۇ. ھەرقانداق نېئمەتكە شۈكۈر قىلىش، ھەرقانداق بالا – مۇسىبەتكە سەبر قىلىش لازىم. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالانى كۆز ئالدىدا تۇتقانلىق بولىدۇ.

ۋەھب ئىبنى مۇنەببىھ رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھېكمەتلىرى ئىچىدە شۇ ھېكمەتلەر بار ئىدى: ‹ئەقىللىق كىشى تۆت سائەتتىن غەپلەتتە قالماسلىقى كېرەك: بىرى پەرۋەردىگارىغا مۇناجات قىلىدىغان سائەت، بىرى نەپسىدىن ھېساب ئالىدىغان سائەت، يەنە بىرى ئەيىبلىرىنى كۆرسىتىپ قويىدىغان قېرىنداشلىرىنىڭ يېنىغا بارىدىغان سائەت ۋەيەنە بىرى ھالال ئىشلاردا ئۆز ئالدىغا پىنھان قالىدىغان بىر سائەت›»

بۇ ھەربىر سائەت باشقا سائەتلەرگە ياردەمچى بولىدۇ. ئىنسان نەپسىگە كۈچ توپلايدۇ. يېمەك – ئىچمەك بىلەن مەشغۇل بولىدىغان سائىتى زىكىر ئوقۇش ۋە پىكىر قىلىش قاتارلىق ئەۋزەل ئەمەللەردىن خالىي قالماسلىقى كېرەك. چۈنكى، يېگەن تامىقى ھەققىدە تەپەككۇر قىلىش بەدەن بىلەن قىلىنغان كۆپ ئەمەللەردىن ئەۋزەلدۇر.

ئۈچىنچى دەرىجە: ئەمەل قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۆزىدىن ھېساب ئېلىش

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئى مۇئمىنلەر! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ھەر ئادەم ئەتە (يەنى قىيامەت كۈنى) ئۈچۈن (ياخشى ئەمەللەردىن) نېمىلەرنى تەييارلىغانلىقىغا قارىسۇن، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر﴾(59/«ھەشىر»: 18).

بۇ ئايەت ئەمەل قىلىپ بولغاندىن كېيىن، نەپسىدىن ھېساب ئېلىشقا ئىشارەتتۇر.

شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «ھېساب ئېلىنىشىڭلاردىن ئىلگىرى ئۆزەڭلاردىن ھېساب ئېلىڭلار» دېگەن.

ھەسەن ئەلبەسرىي رەھىمەھۇللاھ: «مۇئمىن كىشى نەپسىگە ھۆكۈمراندۇر، مۇئمىن ئۆزىدىن ھېساب ئېلىپ تۇرىدۇ» دېگەن ۋە يەنە: «مۇئمىننى ئۇشتۇمتۇت كەلگەن مۇسىبەت ئەجەبلەندۈرىدۇ. مۇئمىن ئۆزىگە مۇسىبەت يەتسە: ‹ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئى مۇسىبەت! مەن سېنى ئارزۇ قىلغان ئىدىم، مەن ساڭا موھتاج ئىدىم، لېكىن ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سېنىڭ مېنىڭ بېشىمغا كېلىش ئۈچۈن ھېچ كۈچ – قۇۋۋىتىڭ يوق ئىدى، چۈنكى مەن بىلەن سېنىڭ ئاراڭدا توسالغۇ بار ئىدى› دەيدۇ» دېگەندۇر.

مۇئمىن ئۆزىدىن بىرەر خاتالىق سادىر بولسا، نەپسىگە قايتىپ: «مەن قەستەن خاتالىق ئۆتكۈزمەكچى ئەمەس ئىدىم، بۇ خاتالىقنىڭ مەندىن سادىر بولغىنى ياخشى بولمىدى، ئىنشائاللاھ بۇنىڭدىن كېيىن ئىككىنچى بۇ خاتالىقنى قىلمايمەن» دەيدۇ.

مۇئمىنلەر «قۇرئان كەرىم» ئۆزىگە ئارغامچا بولغان كىشىلەردۇر. قۇرئان ئۇلارنى ھالاكەتتىن توسۇپ قالىدۇ. مۇئمىن دۇنيادا ئەسىرگە ئوخشاشتۇر. مۇئمىن ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇشقا ھەرىكەت قىلىدۇ. ئاللاھ تائالاغا ئۇچرىشىپ بولغۇچە ئاللاھ تائالانىڭ ئازابىدىن ئەمىن بولۇپ ياشىمايدۇ. مۇئمىن قىيامەت كۈنى قۇلىقى، كۆزى، تىلى ۋە بەدەن ئەزالىرىنىڭ ھەممىسىدىن سورىلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.

بىلگىنكى، بىر كىشىنىڭ تاڭنىڭ دەسلىپىدە نەپسى بىلەن شەرتلىشىدىغان ۋاقتى بولغىنىدەك، كەچقۇرۇنمۇ نەپسىدىن ھېساب ئالىدىغان بىر ۋاقتى بولۇشى مۇھىمدۇر. ئۇ كىشى خۇددى دۇنيادا سودىگەرلەر شېرىكلىرى بىلەن ھەر يىلى ياكى ھەر ئايدا ۋەيا ھەر كۈندە بىر قېتىم ھېسابلاشقاندەك، ئۆزى قىلغان بارلىق ئىشلاردىن ھېساب ئېلىشى لازىم.

ھېساب ئېلىشنىڭ مەنىسى «مال كۆپەيدىمۇ ياكى كېمەيدىمۇ؟» بۇنىڭغا قاراشتۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن «دەسمايىگە، پايدىغا ۋە زىيانغا» قاراش كېرەك.

ئىنساننىڭ دىنىي مېلىنىڭ دەسمايىسى ئاللاھ تائالا بەلگىلىگەن پەرزلەردۇر. ئۇنىڭ پايدىسى نەپلە ۋە پەزىلەت ئەمەللەردۇر. ئۇنىڭ زىيىنى بولسا گۇناھ – مەئسىيەتلەردۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆزىدىن ئەڭ ئەۋۋالا پەرزلەرنى ئادا قىلدىمۇ، يوق؟ بۇنىڭدىن ھېساب ئالسۇن. ئەگەر گۇناھ قىلىپ سالغان بولسا، ئۇنى يۇيۇش ئۈچۈن نەپسىنى جازالاش بىلەن مەشغۇل بولسۇن.

رىۋايەت

تەۋبە ئىبنى سىممە رەققەدە ئىدى. ئۇ ئۆزىدىن ھېساب ئالىدىغان كىشى ئىدى. بىر كۈنى ئۇ ئۆمرىنى ھېسابلاپ 60 ياشقا كىرگەنلىكىنى بىلدى، كۈنلىرىنى ھېسابلىۋىدى، 21 مىڭ 500 كۈن چىقتى – دە، ۋارقىراپ كەتتى. «ئەتتەڭەي! مەن ھەقىقىي پادىشاھ ئالدىغا 21 مىڭ 500 گۇناھ بىلەن بارارمەنمۇ؟! قانداقمۇ ئۇنداق بولمىسۇن، ھەركۈندە 10 مىڭ گۇناھ تۇرسا!» دەپ ئايلىنىپ ئۆلۈپ قالدى. ئاندىن كىشىلەر غائىبتىن: «نېمىدېگەن گۈزەل – ھە! ئۇ فىردەۋس ئەئلا جەننىتىگە يۈگرەپ كەتتى» دېگەن ئاۋازنى ئاڭلىدى.

بەندە ھەرسائەتتە نەپەسلىرى، قەلب ۋە بەدەن ئەزالىرىنىڭ گۇناھلىرىغا قارىتا نەپسىدىن ھېساب ئېلىپ تۇرۇشى كېرەك. چۈنكى، ئىنسان ئۆزى قىلغان ھەربىر گۇناھ ئېۋەزىگە ھويلىسىغا بىر تاش ئاتسا ئىدى، ئازغىنە مۇددەتتە ھويلىسى توشۇپ كەتكەن بولاتتى. لېكىن، ئىنسان گۇناھ – مەئسىيەتلەرنى ھېسابلاشقا سەل قارايدۇ. ھالبۇكى، ئۇنىڭ گۇناھلىرىنىڭ ھەممىسى خاتىرىلەپ قويۇلغاندۇر.

ئاللاھ تائالا دەيدۇ: ﴿ئۇ كۈندە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تىرىلدۈرىدۇ، ئۇلارنىڭ (دۇنيادىكى چاغدا قىلغان) قىلمىشلىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى (نامە ـ ئەمالىغا) خاتىرىلەپ قويغان، ئۇلار بولسا ئۇنتۇپ قالغان، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر﴾(58/«مۇجادىلە»: 6).

تۆتىنچى دەرىجە: نەپسىنى ئۆتكۈزگەن كەمچىلىكلىرىگە بىنائەن جازالاش

شۇنى بىلگىنكى، ئاللاھ رىزاسىنى ئىرادە قىلغۇچى نەپسىدىن ھېساب ئېلىپ، نەپسىنىڭ كەمچىلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى ياكى گۇناھ قىلغانلىقىنى بىلسە، نەپسىگە بىپەرۋالىق قىلماسلىقى كېرەك. چۈنكى، نەپس گۇناھ قىلسا، ئۇنىڭغا سەل قاراش كېيىنچە كۆپ گۇناھلارنى قىلىشنى ئاسانلاشتۇرۇپ قويىدۇ ۋە نەپسىنى گۇناھلاردىن تارتىش تەس بولىدۇ. بەلكى ئىنسان نەپسىنى خۇددى بالىسىنى ۋە ئايالىنى جازالىغاندەك مۇباھ بولغان جازا بىلەن جازالىشى كېرەك.

رىۋايەت قىلىنىدۇكى، «ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزىنىڭ بىر بېغىغا چىقتى، ئۆيىگە قايتقاندا كىشىلەر ئەسىر نامىزىنى جامائەت بولۇپ ئوقۇپ بولغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆمەر كۆڭلىدە: ‹مەن باغقا چىقتىم، قايتقىنىمدا كىشىلەر ئەسىر نامىزىنى ئادا قىلىپ بوپتۇ، مېنىڭ بۇ بېغىم مىسكىنلەرگە سەدىقە بولسۇن› دېدى ۋە باغنى مىسكىنلەرگە سەدىقە قىلىۋەتتى».

لەيىس رەھىمەھۇللاھ ئېيتىدۇ: «ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر قېتىم جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇش ئۆتۈپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، بېغىنى مىسكىنلەرگە سەدىقە قىلىۋەتكەن».

ئىشىتتۇقكى: «ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر ئىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ شام نامىزىنى ۋاقتىدا ئوقۇيالماي، ئاسماندا ئىككى يۇلتۇز ئاشكارا كۆرۈنۈپ قالغان ئىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شام نامىزىنى ئادا قىلىۋېلىپ، ئۇنىڭ كەففارىتىگە ئىككى قۇل ئازاد قىلغان ئىدى».

ھېكايە قىلىنىدۇكى: «تەمىم ئەددارىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر كېچىسى تەھەججۇد ئوقۇغىلى قىيامدا تۇرالماي تاڭ ئاتقۇچە ئۇخلاپ قالغان ئىدى، نەتىجىدە قىلغان شۇ ئىشىغا ئۆزىنى جازالاپ ئۇخلىماي، بىر يىل قىيامدا تۇرغان ئىدى».

ھەسسان ئىبنى ئەبى سىنان بىر بالىخانىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ: «بۇ بالىخانا قاچان بىنا قىلىندى؟» دەپ سالىدۇ. ئاندىن نەپسىگە يۈزلىنىپ: «ئى نەپسىم! ساڭا پايدىسىز نەرسىنى سورامسەن؟! سېنى بىر يىل روزا تۇتۇش بىلەن ئازابلايمەن» دەپ بىر يىل روزا تۇتقان ئىدى.

نەپسىنى بۇنىڭدىن باشقا شەرىئەتتە ھالال بولمايدىغان ئىشلار بىلەن ئازابلاش ھارامدۇر.

مىسال: بەنى ئىسرائىلدا بىر ئادەم بولۇپ، قولىنى ئۆزىگە ھارام بىر ئايالنىڭ يوتىسىغا قويۇپ قېلىپ، ئېۋەزىگە قولىنى ئوتقا يېقىپ، پالەچ بولۇپ قالغان. يەنە بىرسى بىر ئايالنىڭ قېشىغا چۈشمەكچى بولۇپ ئىبادەتخانىسىدىن پۇتىنى ئېلىپ بولۇپ، ئاندىن ئويلىنىپ، كۆڭلىدە: «مەن نېمە قىلماقچى بولدۇم» دېگەن ۋە پۇتىنى قايتۇرۇپ ئالماقچى بولغاندا، «ھەيھات! ئاللاھ تائالانىڭ مەئسىيىتىگە چىققان بۇ پۇت مەن بىلەن ئىبادەتخانامغا قايتماسلىقى كېرەك» دەپ، پۇتىنى ئىبادەتخانا سىرتىدا ساڭگىلىغان ھالەتتە قويۇپ قويغان ۋە ئۇ پۇت يامغۇر بىلەن شامالدا تىتىلىپ كەتكەن(8). يەنە بىر ئادەم بىر ئايالغا قاراپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ئىككى كۆزىنى قۇيۇۋەتكەن. يۇقىرىقىدەك ئىشلار بىلەن گۇناھ قىلىپ قالسا، ئۆزىنى بۇنداق جازالاش ھارامدۇر. ئەلبەتتە بۇ ئىشلار ئۇلارنىڭ شەرىئىتىدە دۇرۇس بولغان تەقدىردىمۇ، بىزنىڭ شەرىئىتىمىزدە ھارامدۇر.

ئۇلارنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش يولىدا بىزنىڭ دىنداشلىرىمىزدىن بىر تۈركۈم كىشىلەر ماڭدى. بۇ تامامەن نادانلىقتىندۇر.

ھېكايە قىلىنىدۇكى، «غەزۋان دېگەن بىر زاھىد بىر ئايالغا قاراپ سالغان ۋە يۈزىگە كاچاتلاپ ئۇرۇپ كۆزى يارىلانغان».

ئاڭلىشىمىزچە، بىر كىشى ھاۋا قاتتىق سوغۇق ۋاقىتتا ئېھتىلام بولۇپ قالىدۇ. ئۇ كىشى سوغۇق سەۋەبلىك غۇسۇل قىلىشى كېچىككەنلىكىنى ھېس قىلىپ، يامالغان يۇڭ كىيىمى بىلەنلا يۇيۇنۇشقا، ئۇ كىيىمنى سالماسلىققا ھەم سىقماسلىققا قەسەم قىلىدۇ. ئۇ يۇڭ كىيىم بەك قېلىن كىيىم بولۇپ، 20 رەتل(9)دىن ئېغىر كېلەتتى.

بۇ بولسا بىلىمسىزلىكتىن بولغان ئىشتۇر. ئىنسان ئۆز نەپسىگە بۇنداق ئىشلارنى قىلماسلىقى كېرەك. پېقىر «تەلبىسۇ ئىبلىس (ئىبلىسنىڭ ئازدۇرۇشى)» ناملىق كىتابىمدا نادانلارچە ئىبادەت قىلىدىغان كىشىلەر سادىر قىلىدىغان مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كۆپ ئىشلارنى بايان قىلدىم.

بەشىنچى دەرىجە: نەپسكە قارشى جىھاد قىلىش

نەپسكە قارشى جىھاد قىلىش بولسا، ئىلگىرى سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئىنسان ئۆزىدىن ھېساب ئېلىپ نەپسىنىڭ گۇناھ قىلغانلىقىنى بىلسە، نەپسىنى جازالىشىدۇر. ئەگەر نەپسىنى پەزىلەتلىك ئەمەللەردىن بىرەرسىنى ياكى ۋىردلەردىن بىرەر ۋىردنى قىلىشتىن ھۇرۇنلۇق قىلغان ھالىتىدە كۆرسە، نەپسىنى ئۇنىڭغا ئېغىر كېلىدىغان ۋىردلەر بىلەن ئەدەبلىشى كېرەك. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما بىر قېتىم جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇيالمىغانلىقى ئۈچۈن، شۇ كېچىنى تولۇق ئىبادەت قىلىش بىلەن ئۆتكۈزگەن ئىدى.

ئەگەر نەپس ۋىردلەرنى قىلىشقا بويسۇنمىسا، نەپسكە قارشى جىھاد قىلىش ۋە قولىدىن كېلىشىچە، نەپسنى شۇ ۋىردلەرنى قىلىشقا مەجبۇرلاش كېرەك.

ئىبنى مۇبارەك رەھىمەھۇللاھ: «سالىھلەر ئۆزىنى ياخشىلىق قىلىشقا ھېچ مۇشەققەتسىز كۆندۈرەتتى. بىز بولساق ئۆزىمىزنى ياخشىلىق قىلىشقا مەجبۇرىي كۆندۈرىمىز» دېگەنىدى.

ئىبادەتگۇيلارنىڭ ئىش – ھەرىكەت، پەزىلەتلىرى ھەققىدە كەلگەن خەۋەرلەرنى ئاڭلاش ۋە ئۇلارغا ئەگىشىپ مېڭىش ئۈچۈن ئۇلاردىن ھەمراھ بولۇشقا قادىر بولالىغان كىشىلەرگە ھەمراھ بولۇش نەپسىنىڭ ئىبادەتلەرنى قىلىشىغا ياردىمى بولىدىغان ئىشلار قاتارىدىندۇر.

سەلەف سالىهلەردىن بىرى مۇنداق دېگەن: «مەن ئىبادەت قىلىپ چارچىسام، مۇھەممەد ئىبنى ۋاسىئنىڭ يۈزىگە ۋە ئۇنىڭ ئىبادەت قىلىشتىكى تىرىشچانلىقىغا قارايتتىم. ئەنە شۇ سەۋەبتىن يەنە بىر ھەپتە چارچاپ قالماي ئىبادەت قىلاتتىم».

ئامىر ئىبنى ئابدۇلقەيس رەھىمەھۇللاھ ھەر كۈنى مىڭ رەكئەت ناماز ئوقۇيتتى.

ئەسۋەد ئىبنى يەزىد رەھىمەھۇللاھ كۆكىرىپ، سارغىيىپ كەتكۈچە روزا تۇتاتتى.

مەسرۇق رەھىمەھۇللاھ ھەج قىلىش جەريانىدا پەقەت سەجدە قىلغان ھالەتتە ئۇخلىغان ئىدى.

داۋۇد ئەتتائىي رەھىمەھۇللاھ نان يېمەي، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۇۋىقىنى سۇغا چىلاپ ئىچەتتى ۋە شۇ ئارىلىقتا 50 ئايەت ئوقۇيتتى.

كۇرز ئىبنى ۋەبرە ھەركۈنى قۇرئاننى ئۈچ قېتىم خەتمە قىلاتتى.

ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز ۋە فەتىھ ئەلمەۋسىلىي ئىككىسى ئاللاھ تائالادىن قورقۇپ قان يىغلايتتى.

ئىلگىرىكىلەردىن 40 كىشى بامدات نامىزىنى خۇپتەن نامىزنىڭ تاھارىتى بىلەن ئوقۇغان ئىدى.

ئەبۇ مۇھەممەد ئەلھەرىرىي مەككىدە بىر يىل تۇرىدۇ. ئۇ بىر يىل جەريانىدا ئۇخلىمايدۇ ۋە سۆزلىمەيدۇ. تامغا يۆلەنمەيدۇ ۋە پۇتىنى سوزمايدۇ. ئەبۇبەكرى ئەلكەتتانىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۇنىڭدىن:

— بۇنىڭغا قانداق قادىر بولالىدىڭ، — دەپ سورىغان ئىدىم، ئۇ:

— ئاللاھ تائالا مېنىڭ ئىچىمنىڭ راستچىللىقىنى بىلدى، شۇڭا تاشقى ئەزالىرىمدا ماڭا ياردەم بەردى، — دەپ جاۋاب بەردى.

كىشىلەر زەجلە دېگەن بىر ئابىدەنىڭ يېنىغا كىرىپ، ئۆزىگە يۇمشاقلىق قىلىشى ھەققىدە نەسىھەت قىلغانىدى. ئۇ ئابىدە: «كۈنلەر ناھايىتى تېز ئۆتۈپ كېتىدۇ. بۈگۈن بىرەر ئىبادەت ئۆتۈپ كەتسە، ئەتە ئۇنى تاپقىلى بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى، ئەي قېرىنداشلىرىم! مېنى بەدىنىم كۆتۈرەلىسىلا، مەن ئاللاھ تائالا ئۈچۈن ناماز ئوقۇيمەن، ھايات كۈنلىرىمدە ئاللاھ تائالا ئۈچۈن روزا تۇتىمەن، كۆزۈم قۇرۇپلا كەتمىسە يىغلايمەن» دېدى.

كىمكى ئىبادەتگۇيلارنىڭ ئۆمۈر بايانلىرىغا قاراشنى، ئۇلارنىڭ نەپسكە قارشى جىھاد قىلىش بوستانلىقلىرىدا كۆڭۈل ئېچىشنى ئىستىسە، پېقىر يازغان «سىفەتۇسسەفۋە (سەرخىللارنىڭ سۈپەتلىرى)» ناملىق كىتابقا قارىسۇن. ئۇ كىتابتا ئۇلارنىڭ خەۋەرلىرىدىن ئۇلارغا نىسبەتەن ئۆزىنى ئۆلۈكتەك ھېسابلايدىغان دەرىجىدىكى ئېسىل خەۋەرلەرنى كۆرىدۇ. ھەمدە ئىبادەتگۇي ئاياللارنىڭ ئىبادىتىگە سېلىشتۇرغاندا ئۆزىنى ناھايىتى تۆۋەن كۆرۈشكە سەۋەب بولىدىغان خەۋەرلەرنى كۆرىدۇ.

ئالتىنچى دەرىجە: نەپسىنى ئەيىبلەش ۋە ئۇنىڭغا كايىش

ئەبۇبەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «كىمكى ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقى ھەققىدە ئۆزىنى يامان كۆرسە، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ قەلبىنى ئەمىن قىلىدۇ»(10) دېگەنىدى.

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «ئۆمەر ئىبنى خەتتاب ئىككىمىز بىر باغقا كىرگەنىدۇق. مەن بىر تامنىڭ كەينىدە، ئۆمەر ئالدىدا ئىدى. شۇندا ئۆمەرنىڭ (ئۆز – ئۆزىگە): ‹ئى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب! ئى ئەمىرۇلمۇئمىنىن! ۋاھ، ۋاھ! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئى خەتتابنىڭ ئوغلى! يا سەن ئاللاھ تائالادىن قورقىسەن، يا ئاللاھ تائالا سېنى ئازابلايدۇ› دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم» دېگەن.

بەختەرىي ئىبنى ھارىس: «مەن بىر ئابىدنىڭ يېنىغا كىردىم، ئۇ ئالدىغا بىر ئوت يېقىپ، ئۆز نەپسىگە كايىۋاتقانىكەن، ئۇ توختىماي نەپسىگە كايىغان پېتى ئۆلۈپ كەتتى» دېگەنىدى.

بەزىلەر ياخشىلار تىلغا ئېلىنسا «ئۇف! ئېسىت ماڭا، تۈفىي ماڭا!» دەيتتى.

بىلگىنكى، سېنىڭ ئەڭ يامان دۈشمىنىڭ نەپسىڭدۇر. نەپسىڭ بولسا يامانلىققا كۆپ بۇيرۇيدىغان ۋە يامانلىققا بەك مايىل بولىدىغان قىلىپ يارىتىلغاندۇر. سەن نەپسىڭنى توغرىلاشقا، پاكلاشقا، گۇناھ – مەئسىيەتلەردىن يىراق قىلىشقا ۋە زەنجىرلەپ پەرۋەردىگارىغا ئىبادەت قىلىشقا يېتىلەشكە بۇيرۇلغانسەن. ئەگەر نەپسىڭگە سەل قارىساڭ، نەپسىڭ ھەددىدىن ئېشىپ تاپتىن چىقىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنى بويسۇندۇرمىقىڭ تەس بولىدۇ. ئەگەر نەپسىڭنى ئەيىبلەپ تۇرساڭ، ئۇ خەۋپسىز نەپسكە ئايلىنىشى مۇمكىندۇر. شۇڭا، نەپسىڭگە ياخشىلىقنى ئەسلىتىشتىن غاپىل قالمىغىن. يەنى، نەپسىڭگە يۈزلەنگىن، ئۇنىڭ نادانلىقى ۋە دۆتلۈكىنى ئۆزىگە ئىقرار قىلدۇرغىن. شۇنداقلا نەپسىڭگە دېگىنكى: «ئى نەپس! سەن نېمىدېگەن نادانسەن – ھە! سەن كىشىلەر ئىچىدىكى ئەڭ ئەخمەق ۋە ئەڭ دۆت تۇرۇپ ئەقىللىقلىق ۋە زېرەكلىكنى دەۋا قىلامسەن؟ سەن ئۆزۈڭنىڭ جەننەتكە ياكى دوزاخقا ماڭغانلىقىڭنى بىلمەيسەن. ئىككىسىدىن قايسىسىغا كىرىدىغانلىقىنى بىلەلمىگەن كىشى قانداقمۇ ئويۇن – تاماشا بىلەن مەشغۇل بولسۇن؟! سەن بۈگۈن – ئەتە دۇنيادىن تېزلا ئېلىپ كېتىلىشىڭ مۇمكىن، كەلگۈلۈكلەرنىڭ تولىمۇ يېقىنلىقىنى، ئۆلۈمنىڭ تۇيدۇرماي، ئۇشتۇمتۇت كېلىدىغانلىقىنى بىلمەمسەن؟! ئۆلۈم چوڭ – كىچىك دېمەيدۇ، بەلكى ھەر تىنىقىڭ ئۆلۈم بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر ئۇشتۇمتۇت ئۆلۈم كەلمىسە، ئۇشتۇمتۇت كېسەل كېلىدۇ. كېسەل ئىنساننى ئۆلۈمگە يەتكۈزىدۇ. ساڭا ئۆلۈم شۇنچە يېقىن تۇرسا، نېمىشقا ئۆلۈم ئۈچۈن تەييارلىق قىلمايسەن؟! ئى نەپسىم! ‹سەن ئاللاھ تائالا مېنى كۆرمەيدۇ› دەپ تۇرۇپ گۇناھ – مەئسىيەت قىلغان بولساڭ، سەن نېمىدېگەن ئەشەددى كافىرسەن – ھە! ئەگەر ‹ئاللاھ تائالا مېنىڭ قىلمىشلىرىمنى كۆرۈپ تۇرىدۇ› دەپ تۇرۇپ گۇناھ قىلغان بولساڭ، سەن نېمىدېگەن ھاماقەت، نېمىدېگەن ھاياسىزسەن – ھە! سەن ئاللاھ تائالانىڭ ئازابىغا تاقەت قىلالامسەن؟ ئىسسىق مۇنچىدا بىر سائەت ئولتۇرۇش بىلەن بۇنى سىناپ باق! ياكى بارمىقىڭنى ئوتقا يېقىپ سىناپ باق! ئى نەپسىم! ھۇزۇر – ھالاۋەتكە خۇشتارلىق سېنى توغرا يولدا مېڭىشتىن چەكلىگەن بولسا، قىينچىلىقتىن خالىي، ساپ ۋە مەڭگۈ قالىدىغان ھۇزۇرنى تەلەپ قىل! بەزىبىر يېمەكلىك ئىنساننى كۆپ يېمەكلىكلەردىن مەھرۇم قويىدۇ.

ساقىيىشى ۋە ئۇزۇن ۋاقىت نېئمەت ئىچىدە ياشىشى ئۈچۈن تېۋىپ ئۈچ كۈن سۇ ئىچمەسلىككە بۇيرىغان ئەقىللىق كېسەل كىشىگە نېمە دەيسەن؟ شەھۋەت ھەققىنى ئادا قىلىشتا بۇ كىشىنىڭ ئەقلى نېمىنى تەلەپ قىلىدۇ؟ دەرھال شەھۋىتىنى ئادا قىلىپ، ئاندىن كېيىن مەڭگۈ ئەلەم چېكەمدۇ؟! سېنىڭ ئۆمرۈڭ جەننەت ئەھلىنىڭ نېئمەت مۇددىتى ۋە دوزاخ ئەھلىنىڭ ئازاب مۇددىتىگە بولغان مەڭگۈلۈك نېئمەت ياكى مەڭگۈلۈك ئازابقا سېلىشتۇرغاندا، ئۈچ كۈننى بارلىق ئۆمۈرگە سېلىشتۇرغانغا ئوخشايدۇ. بەلكى دۇنيا ئۆمۈرگە سېلىشتۇرغاندا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقاندىنمۇ ئاز ۋاقىتتۇر. كاشكى شەھۋەتلەرگە سەبر قىلىش ئەلىمى قاتتىقراقمۇ ياكى ئۇزۇنراقمۇ، بىلسەمچۇ؟! ياكى دوزاخ قاتلاملىرىدا جەھەننەم ئوتىدا ئازابلىنىش ئەلىمى قاتتىقراقمۇ؟! نەپسىگە قارشى جىھاد قىلىش ئەلىمىگە سەبر قىلالمايدىغان كىشى ئاخىرەتتىكى ئازاب ئەلىمىگە قانداقمۇ تاقەت قىلالىسۇن؟! ئى نەپسىم! سېنى يۈز – ئابرۇينى ياخشى كۆرۈش مەشغۇل قىلدىمۇ؟ ئاتمىش ياكى يەتمىش يىلدىن كېيىن سەن ۋە سېنىڭ نەزەرىڭدە يۈز – ئابرۇيلۇق بولغان كىشىلەردىن ھېچكىم قالمايدىغانلىقىنى بىلمەمسەن؟! دۇنيانىڭ پەس شېرىكلىرى بولغانلىقى، ئۇنىڭ كۆپ مۇشەققەتلىك بولغانلىقى ۋە تېز سۈرئەتتە يوقىلىدىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى تەرك ئەتسەڭ بولمامدۇ؟! سەن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ قوشنىدارچىلىقىنى ئەخمەقلەرگە ھەمراھ بولۇش سېپىگە تېگىشمەكچىمۇ – سەن؟! كۆپلىگەن ماللار زايە بولدى، ئازغىنە ئۆمۈر قېلىپ قالدى. ئەگەر سەن ئۆزۈڭنى بىلسەڭ ئىدىڭ، زايە بولغان نەرسىلەرگە پۇشايمان قىلاتتىڭ. باشتا زايە بولغان نەرسىلەرنى ئاخىرىدا زايە بولغان نەرسىلەرگە قوشساڭ، قانداقمۇ پۇشايمان قىلماي قالىسەن؟! قىسقىغىنە بۇ كۈنلەردە ئۇزۇن ئاخىرەت كۈنلىرى ئۈچۈن ئەمەل قىل! سوئال – سوراققا تەييارلىق قىلغىن! دۇنيادىن مەجبۇرىي چىقىشنىڭ ئالدىدا ئەركىن ئادەملەردەك دۇنيادىن چىقىشقا سەۋەب بولىدىغان ياخشى ئەمەللەرنى قىلغىن! كىمنىڭ مىنىدىغان ئۇلىغى كېچە ۋە كۈندۈز بولسا، ئۇ كىشى ماڭمىسىمۇ سەيىر قىلدۇرۇلىدۇ. بۇ نەسىھەتلەرنى تەپەككۇر قىلغىن، ئەگەر بۇ نەسىھەتلەر ساڭا تەسىر قىلمىسا تەسىرنى يوقاتقىنىڭغا يىغلىغىن! چۈنكى، ياش رەھمەت دېڭىزىدىن ئېلىنىدۇ».

 

ئىمام ئىبنى قۇدامە ئەلمەقدىسىينىڭ: «مۇختەسەرۇ مىنھاجۇل قاسىدىن» كىتابىدىن.

تەرجىـــمە قىلـــــغۇچى: ئابدۇللاھ ئابدۇلمەجىد


1. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6094)؛ مۇسلىم (2607).
2. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (2947، 2948)؛ مۇسلىم (2769). كەئب ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
3. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (2692)؛ مۇسلىم (2605). ئۇقبەنىڭ قىزى ئۇممۇ گۈلسۈم رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايىتى.
4. مۇسلىم (1905) ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى ‹ئالىم› دېيىشىنى كۆزلەپ ‹قۇرئان› ئوقۇغان ۋە ئۆگەتكەن قارىي؛ كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى ‹پۇل سەرپ قىلىدىغان سېخىي› دېيىشىنى كۆزلەپ پۇل سەرپ قىلغان باي؛ كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى ‹ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغان باتۇر› دېيىشىنى كۆزلەپ جىھاد قىلغان مۇجاھىد. ئەنە شۇ ئۈچ تۈرلۈك كىشى قىيامەت كۈنى جەھەننەم ئوتى ئەڭ بۇرۇن تۇتىشىدىغان كىشىلەردۇر».
5. ئەھمەد (17123). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «ئەبۇبەكرى ئىبنى ئەبى مەريەم دېگەن راۋىي جەھەتتىن سەنەدى زەئىف، باشقا راۋىيلىرى ئىشەنچلىك» دېگەن. تىرمىزىي: (2459) «بۇ ھەسەن ھەدىس» دېگەن. ئىبنى ماجە (4260)؛ ھاكىم: («ئەلمۇستەدرەك»، 4/280) «سەنەدى سەھىھ» دېگەن، زەھەبىيمۇ بۇنى ماقۇللىغان. شەدداد ئىبنى ئەۋس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
6. ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك: «ئەززۇھد»، (306)؛ ئىبنى ئەبى شەيبە (35600). ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇززەئىفە (1201) «زەئىف» دېگەن.
7. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (50)؛ مۇسلىم (9). ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
8. ئىبنى ئەبىددۇنيا: «ئۆزىدىن ھېساب ئېلىش (محاسبة النفس)»، (49).
9. رەتل / رىتل (الرَّطْلُ / الرِّطْلُ): ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى بولۇپ، كەمچەن قىلىپمۇ ئىشلىتىلىدۇ. يۇرتلارغا قاراپ پەرقلىق بولىدۇ. ئادەتتە فىقھ كىتابلىرىدا تىلغا ئېلىنسا، 406.25 (يەنە بىر قاراشتا 382.5) گرامغا تەڭ ئىراق ياكى باغداد رەتلى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. شام رەتلى 1875 گرامغا، مىسىر رەتلى 449.28 گرامغا تەڭ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 841 – بەت، «پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى»، رىياد، م2017؛ دوكتور ئەلى جۇمۇئە: «المكاييل والموازين الشرعية (شەرئىي ئۆلچەملەر ۋە تارازىلار)»، 29 – بەت، «دارۇلقۇدۇس نەشرىياتى»، قاھىرە. م. 2021. — ت.
10. ئىبنى ئەبىددۇنيا: «ئۆزىدىن ھېساب ئېلىش (محاسبة النفس)»، (22).

Please follow and like us: