ئىخلاس قىلىش، ئۇنىڭ پەزىلىتى، ھەقىقىتى ۋە دەرىجىلىرى

ئىخلاس قىلىش، ئۇنىڭ پەزىلىتى، ھەقىقىتى ۋە دەرىجىلىرى

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئۇلار پەقەت ئىبادەتنى ئاللاھقا خالىس قىلغان، ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلغان ھالدا (يالغۇز) ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلدى. نامازنى ئادا قىلىشقا، زاكاتنى بېرىشكە (بۇيرۇلدى)، ئەنە شۇلار (يەنى ئىبادەت، ئىخلاس ناماز، زاكاتلار) توغرا دىندۇر﴾(98/«بەييىنە»: 5).

ئاللاھ تائالا يەنە: ﴿بىلىڭلاركى، (شېرىكتىن ۋە رىيادىن) ساپ دىن ئاللاھقا خاستۇر﴾(39/«زۇمەر»: 3) دېگەن.

بۇ ھەقتە بۇنىڭدىن باشقا ئايەتلەرمۇ بار.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا مۇنداق دېگەن: «دىنىڭنى (ئىبادىتىڭنى رىيا ۋە شېرىكتىن) ساپ قىلغىن، شۇندىلا ساڭا ئازغىنە ئەمەل كۇپايە قىلىدۇ»(1).

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بىر ھەدىسىدە مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: «قىيامەت كۈنى پەرىشتىلەر پېچەتلەنگەن دەپتەرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئاندىن ئاللاھ تائالا پەرىشتىلەرگە:

— بۇ دەپتەرنى تاشلاڭلار، بۇ دەپتەرنى قوبۇل قىلىڭلار! — دەيدۇ. پەرىشتىلەر:

— سېنىڭ ئىززىتىڭ بىلەن قەسەمكى! بىز پەقەت بولغان ئىشلارنىلا يازدۇق، ــ دەيدۇ. ئاللاھ تائالا:

— بۇ ئەمەل مېنىڭ رازىلىقىم ئۈچۈن بولمىغان ئىدى، بۈگۈن مەن پەقەت مېنىڭ رازىلىقىم ئۈچۈن بولغان ئەمەلنىلا قوبۇل قىلىمەن، — دەيدۇ»(2).

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «پەرىشتىلەر بىر بەندىنىڭ ئەمىلىنى كۆتۈرۈپ، ئۇنى كۆپەيتىدۇ ۋە ئۆستۈرىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇلارغا ۋەھيى قىلىپ: ‹سىلەر مېنىڭ بەندەمنىڭ ئەمىلىنى ساقلىغۇچى پەرىشتىلەرسىلەر. مەن ئۇ بەندىنىڭ كۆڭلىدىكىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىمەن. ئۇ بەندەم ئەمىلىنى رىيادىن ساپ قىلمىدى، ئۇنىڭ كىتابىنى سىججىن(3)دە قىلىڭلار› دەيدۇ. ئۇلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا يەنە بىر بەندىنىڭ ئەمىلىنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ چىقىدۇ ۋە ئۇ ئەمەلنى ئاز سانايدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇلارغا: ‹سىلەر مېنىڭ بەندەمنىڭ ئەمىلىنى ساقلىغۇچى پەرىشتىلەرسىلەر. مەن ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىمەن، ئۇ بەندىنىڭ ئەمىلىنى كۆپەيتىڭلار ۋە ئۇنى ئىللىييىن(4)دە قىلىڭلار› دەيدۇ»(5).

ھەسەن ئەلبەسرىي ئېيتۇر: «ئاللاھ تائالانى تاشلاپ ئىبادەت قىلىنىدىغان بىر دەرەخ بار ئىدى. بىر ئادەم ئۇ دەرەخنىڭ يېنىغا كېلىپ، كۆڭلىدە: ‹مەن بۇ دەرەخنى كېسىپ تاشلايمەن› دېدى ۋە ئۆيىگە بېرىپ پالتا ئېلىپ، ئاللاھ تائالا رازىلىقى ئۈچۈن غەزەپلىنىپ ئۇ دەرەخنى كېسىش ئۈچۈن ماڭدى. يولدا شەيتان ئۇنىڭغا ئىنسان سۈرىتىدە ئۇچرىشىپ:

— قەيەرگە، نېمە قىلىش ئۈچۈن ماڭدىڭ؟ — دېگەنىدى، ئۇ كىشى:

— ئاللاھ تائالانى قويۇپ ئىبادەت قىلىنىدىغان ھېلىقى دەرەخنى كېسىپ تاشلىغىلى ماڭدىم، — دېدى.

— سەن ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلمىغاندىكىن، باشقىلار ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلسا، ساڭا نېمە زىيىنى؟!

— مەن ئۇ دەرەخنى چوقۇم كېسىپ تاشلايمەن.

— دەرەخنى كېسىپ تاشلاشتىن ياخشىراق بىر ئىشنى كۆڭلۈك تارتامدۇ؟ كەل، سەن ئۇ دەرەخنى كېسىپ تاشلىمىغىن، ھەر كۈنى تاڭ ئاتقاندا ياستۇقۇڭنىڭ ئاسىتدا ئىككى تىللا پەيدا بولسۇن.

— بۇنىڭغا كىم كېپىل؟

— مانا مەن كېپىل.

شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى دەرەخنى كەسمەي قايتىپ كەتتى ۋە تاڭ ئاتقاندا ياستۇقىنىڭ ئاستىدىن ئىككى تىللا تاپتى. ئۇنىڭ ئەتىسى تاڭ ئاتقاندا ياستۇقىنىڭ ئاستىدىن ھېچنەرسە تاپالمىدى. ئاندىن ئۇ ئادەم قاتتىق غەزەپلىنىپ دەرەخنى كېسىش ئۈچۈن ماڭدى، (بۇ چاغدا) شەيتان ئۇنىڭغا ئۆز سۈرىتىدە كۆرىنىپ:

— يول بولسۇن، قاياققا؟ — دېدى. ئۇ كىشى:

— ئاللاھ تائالانى قويۇپ ئىبادەت قىلىنىدىغان ئۇ دەرەخنى كېسىپ تاشلىماقچىمەن، — دېدى. شەيتان ئۇنىڭغا:

— يالغان ئېيتما! سەن ئۇ دەرەخنى كېسىپ تاشلىيالمايسەن، — دېدى. لېكىن، ئۇ كىشى دەرەخنى كېسىپ تاشلاش ئۈچۈن مېڭىۋىدى، شەيتان ئۇنى يەرگە يىقىتتى ۋە ئۇنىڭ گېلىنى بوغۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغىلى تاسلا قالدى. ئاندىن شەيتان ئۇنىڭغا:

— مېنىڭ كىملىكىمنى بىلەمسەن؟ — دېدى ۋە ئۆزىنىڭ شەيتان ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلىپ: — سەن ئاۋۋالقى قېتىمدا ئاللاھ تائالا ئۈچۈن غەزەپلىنىپ كەلگەن ئىدىڭ، ئۇ چاغدا مېنىڭ سېنى بويسۇندۇرۇشقا ھېچقانداق كۈچۈم يوق ئىدى. مەن سېنى ئىككى تىللا بىلەن ئالدىسام، دەرەخنى كېسىشتىن ۋاز كەچتىڭ. ئىككى تىللانى ياستۇقۇڭنىڭ ئاستىدا تاپالمىۋىدىڭ، شۇ ئىككى تىللا ئۈچۈن غەزەپلىنىپ كەلدىڭ، شۇ سەۋەبتىن مەن ساڭا ھۆكۈمران قىلىندىم، — دېدى»(6).

مەئرۇف ئەلكەرخىي رەھىمەھۇللاھ ئۆزىنى ئۇرۇپ تۇرۇپ: «ئى نەپسىم! ئىخلاس قىلغىن، دوزاختىن خالاس بولىسەن» دەيتتى.

ئەبۇ سۇلايمان رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «بىر قەدەم ئالسا شۇ قەدىمىنى ئاللاھ تائالا رازىلىقىنى كۆزلەپ ئالغان كىشىگە خۇش مۇبارەك بولسۇن».

ھېكايە قىلىنىدۇكى، «بىر ئەر ئايالچە كىيىنىپ سىرتقا چىقاتتى ۋە توي، ماتەم دېگەندەك سورۇنلارغا ئاياللار بىلەن بىللە قاتنىشاتتى. بىر كۈنى ئاياللار توپلانغان بىر سورۇنغا كەلدى، ئۇ سورۇندا بىر تال گۆھەر ئوغۇرلاندى. ئاياللار: ‹ئىشىكنى ئېتىڭلار، بىز ئاختۇرۇش ئېلىپ بارىمىز› دەپ توۋلىدى. ئاياللار بىر – بىرلەپ ئاختۇرۇلۇپ نۆۋەت ئايالچە كىيىنىۋالغان ھېلىقى ئادەم بىلەن ئۇنىڭ يېنىدىكى بىر ئايالغا كەلدى، ئاندىن ئۇ كىشى ئاللاھ تائالاغا ئىخلاس بىلەن دۇئا قىلدى ۋە ‹ئەگەر مەن بۇ رەسۋالىقتىن قۇتۇلۇپ قالسام، بۇنىڭغا ئوخشاش ئىشنى ئىككىنچى قىلمايمەن› دېدى. ئاندىن ھېلىقى گۆھەر ئۇنىڭ يېنىدىكى ئايالنىڭ يېنىدىن تېپىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئاختۇرغۇچىلار: ‹بىگۇناھ ئايالنى قويۇۋېتىڭلار، گۆھەرنى تاپتۇق› دېدى».

ئىخلاسنىڭ ھەقىقىتىنىڭ بايانى
شۇنى بىلگىنكى، ھەرقانداق نەرسىگە باشقا نەرسىنىڭ ئارىلىشىپ قېلىشى مۇمكىن. دېمەك، ئارىلاشمىسىز، سۈزۈك ۋە ساپ بولغاندا «ئىخلاس» دەپ ئاتىلىدۇ.

شېرىك ئىخلاسنىڭ زىتىدۇر. ئىخلاسمەن بولمىغان كىشى مۇشرىك بولىدۇ. لېكىن، شېرىكنىڭ بىرنەچچە دەرىجىلىرى بولىدۇ.

تەۋھىدتىكى ئىخلاسنىڭ قارىمۇقارشىسى ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈشتۇر.

شېرىكنىڭ بەزىسى ئاشكارا، بەزىسى يوشۇرۇن بولىدۇ. ئىخلاسمۇ ھەم شۇنداقتۇر. بىز ئىلگىرى رىيانىڭ دەرىجىلىرىنى ئۆز بابىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتتۇق. نۆۋەتتە ئىبادەت قىلىش مەقستىدە ھەرىكەتكە ئۆتكەن، لېكىن رىياكارلىق ياكى ئۇنىڭدىن باشقا نەپسانىيەت ئارىلىشىپ قالغان كىشى ھەققىدە سۆز قىلىمىز.

مەسىلەن، روزا تۇتۇپ ھاسىل بولغان چىدامچانلىقى بىلەن باشقا ئىشلاردىن پايدىلىنىش مەقسىتىدە روزا تۇتۇش ياكى بىر قۇلنى ئۇنىڭ چىقىمى ۋە يامان ئەخلاقىدىن قۇتۇلۇش مەقسىتىدە ئازاد قىلىش؛ سەپەر قىلىپ كۆپ ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق مىزاج ساغلاملىقىنى كۆزلەپ ۋەيا ئۆزى گىرىپتار بولغۇسى يامانلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ھەج قىلىش؛ ئۇرۇشقا تەييارلىنىش ئۈچۈن چېنىقىش ۋە ئۇرۇش تاكتىكىلىرىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن غازات قىلىش، ياكى خوتۇن – بالا ۋە ئۆيۋاقىنى قوغداش ئۈچۈن ئويغاق بولۇش مەقسىتىدە كېچىدە ناماز ئوقۇش؛ تۇرمۇشىنى قولاي قامداش ئۈچۈن ئىلىم ئۆگىنىش ياكى ئاڭلاتقانسېرى سۆيۈنۈش ئۈچۈن ئەستايىدىل دەرس ئۆگىتىش ۋە شۇنىڭدەك ئىشلار.

بىر كىشىنىڭ مەقسىتى ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىش بولسا، لېكىن ئۇ كىشىنى شۇ ئىبادەتنى قىلىشقا قوزغىغان تۈرتكىگە مۇشۇ ئويلاردىن بىرەرسى قوشۇلۇپ، نەتىجىدە ئۇ ئىبادەتنى قىلىش ئۇنىڭغا يەڭگىل بىلىنگەن بولسا، ئۇ كىشىنىڭ ئەمىلى ئىخلاس چېگراسىدىن چىقىپ كەتكەن بولىدۇ.

ئىنساننىڭ ھېچبىر ئىشى ۋە ھېچبىر ئىبادىتى بۇ ئىشلاردىن ئايرىلالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، «بىر كىشىنىڭ ئۆمرىدە كۆزىنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلىك ۋاقتى خالىس ئاللاھ تائالا رازىلىقى ئۈچۈن بولسا، ئازابتىن قۇتۇلىدۇ» دېيىلىدۇ. بۇنداق بولۇشى چىن ئىخلاسنىڭ تولىمۇ كەم ئۇچرايدىغانلىقى، قەلبنى بۇ ئامىللاردىن پاكىزلەشنىڭ تەس بولغانلىقى ئۈچۈندۈر. چۈنكى، پەقەت ئاللاھ تائالاغىلا يېقىنلىق ئىزدەش تۈرتكە بولغان ئەمەل خالىس ئەمەلدۇر.

سەھل تۇستەرىيدىن: «قايسى نەرسە ئىنسان نەپسىگە ئەڭ قىيىن؟» دەپ سورالغانىدى، ئۇ: «ئىخلاس قىلىش. چۈنكى، نەپسىنىڭ ئىخلاس قىلىشتا نېسىۋىسى يوق» دەپ جاۋاب بەردى.

ئىخلاسنى بۇزغۇچى ئامىللار

شۇنى بىلگىنكى، ئىخلاسنى بۇزغۇچى ئامىللار خىلمۇخىلدۇر. ئۇنىڭ بەزىسى ئاشكارا، بەزىسى يوشۇرۇندۇر. بىز رىياكارلىقنىڭ دەرىجىلىرىنى ئۆز ئورنىدا بايان قىلىپ ئۆتتۇق.

رىيالار ئىچىدە چۈمۈلىنىڭ مېڭىشىدىنمۇ يوشۇرۇن رىيالار بار. نۆۋەتتە ئۇنىڭ تەپسىلاتى سۆزلىنىدۇ. يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، ئەمەل – ئىبادەت قىلغۇچى قىلىۋاتقان ئىبادىتىنى ئىنساننىڭ كۆرۈشى بىلەن ھايۋاننىڭ كۆرۈشى باشقا – باشقا دەپ قارىسا، ئۇنداق كىشى چىن ئىخلاسمەنلىكتىن چىقىپ كەتكەن بولىدۇ.

ئىبادەتنىڭ نازۇك تەرەپلىرىگىچە قارىغان، ئاللاھ تائالانىڭ گۇناھلاردىن ساقلىشى ۋە ياخشى ئىشلارغا تەۋپىق بېرىشى بىلەن بەختلىك بولغان كىشىلا شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشىدىن ئامان قالىدۇ.

«ئالىمنىڭ ئىككى رەكئەت نامىزى جاھىلنىڭ يەتمىش رەكئەت نامىزىدىن ئەۋزەلدۇر» دېيىلىدۇ. يەنى، ئۇ ئالىم ئەمەللەرنىڭ نازۇك ئاپەتلىرىگىچە قاراپ، ئەمەللەرنى بۇزغۇچى ئاپەتلەردىن قۇتۇلغان ئالىمدۇر. جاھىل بولسا ئىبادەتنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىگىلا قارايدۇ. باھالىغۇچى رازى بولىدىغان بىر قىيرات ئالتۇن ئاسان ئالدىنىپ قالىدىغان، دۆت ئادەم رازى بولىدىغان بىر تىللادىن ياخشىدۇر.

پەسىل: ئىخلاسقا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار ئارىلاشقان ئەمەلنىڭ ھۆكمى ۋە ئۇ ئەمەلگە ساۋاب بېرىلىشنىڭ تەپسىلاتى توغرىسىدا
پەقەت رىيا ئۈچۈن ئەمەل قىلغۇچىغا ئۇ ئەمەل پايدىلىق ئەمەس، بەلكى زىيانلىقتۇر. پەقەت ئاللاھ تائالا رازىلىقى ئۈچۈنلا قىلىنغان ياخشى ئەمەل ساۋابقا ئېرىشتۈرگەندەك، رىيا ئۈچۈنلا قىلىنغان ئەمەل رىياكارنى ئازابقا دۇچار قىلىدۇ. بۇ ئىككىسىدە ھېچقانداق مۈجمەللىك يوقتۇر. ئەمما، رىيا ۋە نەپس ئارىلىشىپ قالغان ئەمەل ھەققىدە ئالىملار ئارىسىدا: «بۇنداق ئەمەلگە ساۋاب بېرىلەمدۇ ياكى جازامۇ؟ ياكى ھېچنېمە بېرىلمەمدۇ؟» دېگەن خۇسۇستا بىرنەچچە خىل قاراشلار بار.

بۇ خۇسۇستا بىر – بىرىگە زىت، ئوخشىمىغان قاراشلار باردۇر.

بۇ خۇسۇستا بىزگە ئېنىق بولغان قاراش — ئاللاھ تائالا ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر — ئەمەل – ئىبادەتكە تۈرتكە بولغان ئامىلغا قاراشتۇر. ئەگەر ئەمەل – ئىبادەتكە تۈرتكە بولغان دىنىي ئامىل نەپسانىي ئامىل بىلەن تەڭ بولسا، ئىككىسى بىر – بىرىگە قارشىلىشىدۇ ۋە ئىككىلىسى يىقىلىدۇ. بۇ ھالدا ئەمەل – ئىبادەت ئۇنى قىلغۇچىغا نە زىيانلىق، نە پايدىلىقتۇر. ئەگەر رىياكارلىق تۈرتكىسى كۈچلۈك بولسا، كىشىگە قىلغان ئەمىلى زىيان يەتكۈزىدۇ ۋە ئۇ كىشىنى ئازابقا دۇچار قىلىدۇ. لېكىن، ئۇ ئازاب پەقەت رىيا ئۈچۈنلا قىلىنغان ئەمەلنىڭ جازاسىدىن تۆۋەندۇر. ئەگەر دىنىي تۈرتكە نەپسانىي تۈرتكىدىن كۈچلۈك بولسا، ساۋابمۇ شۇنىڭغا قارىتا كۆپ بولىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئاللاھ ھەقىقەتەن زەررىچە زۇلۇم قىلمايدۇ. ئەگەر كىشىنىڭ زەررىچە ياخشىلىقى بولسا، ئاللاھ ئۇنى ھەسسىلەپ زىيادە قىلىدۇ، ئۆز دەرگاھىدىن بۈيۈك ئەجىر (يەنى جەننەت) ئاتا قىلىدۇ﴾(4/«نىساﺋ»: 40).

بىز تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن بۇ سۆزگە ئۈممەتنىڭ بىردەك ئىجمائسى دەلىلدۇر. يەنى بىر كىشى يېنىغا تىجارىي مال ئېلىپ ھەجگە چىققان بولسا، ئۇنىڭ قىلغان ھەجى توغرىدۇر، ئۇنىڭغا ساۋاب بېرىلىدۇ. ھالبۇكى، تىجارىي مال بىلەن ھەج سەپىرىگە چىققان كىشىنىڭ ھەجىگە بىر نەپس ئارىلاشقان بولىدۇ. لېكىن، ئۇ كىشىنىڭ ھەجگە يول ئېلىشىغا تۈرتكە بولغان ئەسل ئامىل ھەج بولسا، قىلغان سەپىرى ساۋابتىن خالىي قالمايدۇ. شۇنىڭدەك غازى كىشى ئۇرۇش قىلىش ۋە غەنىيمەت ئېلىشنى نىيەت قىلسا، غەنىيمەت ئېلىشنى نىيەت قىلىش ئۇرۇش قىلىشقا قوشۇمچە ئەگىشىپ كەلگەن بولسا، ئۇ كىشىگە ساۋاب يېزىلىدۇ. لېكىن، ئۇ كىشىنىڭ ساۋابى ئەسلا غەنىيمەتكە قارىمىغان كىشىنىڭ ساۋابىغا باراۋەر بولمايدۇ.

ئاللاھ تائالا ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.

 

ئىمام ئىبنى قۇدامە ئەلمەقدىسىينىڭ: «مۇختەسەرۇ مىنھاجۇل قاسىدىن» كىتابىدىن.

تەرجىـــمە قىلـــــغۇچى: ئابدۇللاھ ئابدۇلمەجىد

—————————————————————
1. بەيھەقىي: «شۇئەبۇلئىمان»، (6443، 6444). بەيھەقىي: «مۇرسەل» دېگەن. ئالبانىي: («زەئىفۇلجاﻣﯩﺌ»، 240) «زەئىف» دېگەن.
2. تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل ئەۋسەت»، (2603)؛ دارەقۇتنىي (132). ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇززەئىفە»، 5154) «زەئىف» دېگەن.
3. سىججىن (السِّجِّينُ): «تارچىلىق؛ جەھەننەمدىكى بىر ۋادىنىڭ ئىسمى؛ فاجىرلەرنىڭ روھلىرىنىڭ بارار جايى؛ يامانلارنىڭ نامەئى ئەئمالى ئورۇن ئالغان يەر» دېگەن مەنىدىكى «قۇرئان» ئاتالغۇسى. قاراڭ: شەۋكانىي: «فەتھۇلقەدىر»، 7/440. — ت.
4. ئىللىييىن / ئىللىييۇن (عِلّيُّون): «ئۈستۈن، يۇقىرى جاي؛ يەتتىنچى ئاسمان؛ مۇئمىنلەرنىڭ روھلىرىنىڭ بارار جايى؛ ئىتائەتمەنلەرنىڭ نامەئى ئەئمالى ئورۇن ئالىدىغان يەر» دېگەن مەنىدىكى «قۇرئان» ئاتالغۇسى. قاراڭ: شەۋكانىي: «فەتھۇلقەدىر»، 7/444. — ت.
5. ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك: «ئەززۇھد»، (452). تابىئىنلەردىن زەمرە ئىبنى ھەبىبتىن مۇرسەلدۇر.
6. ئىبنۇلجەۋزىي: «تەلبىسۇ ئىبلىس»، 32 -، 33 – بەتلەر.

Please follow and like us: