ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ ئەتىگەندە، ئاخشامدا پەرۋەردىگارىغا ئىبادەت قىلىدىغانلارنى (يېنىڭدىن) قوغلىۋەتمىگىن، ئۇلارنىڭ ھېسابىدىن ساڭا ھېچنەرسە يۈكلەنمەيدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ئۈچۈن سەن جاۋابكارلىققا تارتىلمايسەن). سېنىڭ ھېسابىڭدىنمۇ ئۇلارغا ھېچنەرسە يۈكلەنمەيدۇ. ئۇلارنى قوغلىۋەتسەڭ، زالىملاردىن بولۇپ قالىسەن﴾(6/«ئەنئام»: 52). بۇ ئايەتتىكى كۆزلەش نىيەت قىلىش دېمەكتۇر.
ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: «ھەقىقەتەن ئەمەللەر نىيەتلەرگە باغلىقتۇر. ھەركىمنىڭ ئەمەلى ئۆزى نىيەت قىلغان نەرسىگە يارىشا بولىدۇ. كىمكى ئاللاھ ۋە ئاللاھ رەسۇلىنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ ھىجرەت قىلغان بولسا، ئۇ كىشى ئاللاھ ۋە ئاللاھ رەسۇلى ئۈچۈن ھىجرەت قىلغان بولىدۇ. كىمكى مال – دۇنيا تېپىش ياكى خوتۇن ئېلىش ئۈچۈن ھىجرەت قىلغان بولسا، ئۇ كىشى ئۆزى مەقسەت قىلغان ئاشۇ نەرسىلەر ئۈچۈن ھىجرەت قىلغان بولىدۇ»(1).
«سەھىھەين»دە ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بىر ئادەم پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ:
— ئى ئاللاھ تائالانىڭ ئەلچىسى! بىر ئادەم باتۇرلۇق قىلىپ ئۇرۇشىدۇ، بىر ئادەم غەزەپلىنىپ ئۇرۇش قىلىدۇ ۋە بىر ئادەم رىيا قىلىپ ئۇرۇش قىلىدۇ. بۇلارنىڭ قايسىسى ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلغان بولىدۇ؟ — دېگەنىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— كىمكى ئاللاھ تائالانىڭ كەلىمىسى ئەڭ ئالىي بولۇشى ئۈچۈن ئۇرۇشسا، ئۇ كىشى ئاللاھ تائالا يولىدا ئۇرۇش قىلغان بولىدۇ، — دېدى»(2).
جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «سىلەر مەدىنىدە بىر تۈركۈم كىشىلەرنى كەينىڭلاردا قالدۇرۇپ چىقتىڭلار، سىلەر بىرەر ۋادىدىن ئۆتسەڭلار ۋە بىرەر يولدىن ماڭساڭلار ئۇلار سىلەرگە ئەجىردە شېرىكتۇر. ئۇلارنى كېسەللىك سىلەر بىلەن بىللە چىقىشتىن توختىتىپ قويدى»(3). مۇسلىم رىۋايەت قىلغان. بۇخارىي ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان.
«سەھىھەين»دە رىۋايەت قىلىنغان ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ ھەدىسىدە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمكى بىر ياخشىلىق قىلىشنى نىيەت قىلىپ ئۇنى قىلمىسا، ئۇنىڭغا بىر ياخشىلىق قىلغانلىقنىڭ ئەجرى يېزىلىدۇ»(4).
ئەبۇ كەبەشە ئەلئەنمارىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «بۇ ئۈممەت مىسالى تۆت تۈرلۈك كىشىگە ئوخشايدۇ: ئۇلارنىڭ بىرى، ئاللاھ تائالا ھەم ئىلىم، ھەم مال بەرگەن كىشىدۇر، ئۇ كىشى ئىلمىگە ئەمەل قىلىپ، مېلىنى ھەق يولغا سەرپ قىلىدۇ؛ يەنە بىرى، ئاللاھ تائالا ئىلىم بەرگەن، لېكىن مال بەرمىگەن كىشىدۇر. ئۇ كىشى: ‹ئەگەر مېنىڭ بۇ (ياخشى) كىشىگە ئوخشاش مېلىم بولسا ئۇ كىشى قىلغانغا ئوخشاش ئەمەل قىلاتتىم› دەيدۇ. بۇ ئىككى كىشى ئەجىردە باراۋەردۇر. يەنە بىر كىشى ئاللاھ تائالا مال بېرىپ، ئىلىم بەرمىگەن كىشىدۇر. ئۇ ئادەم مېلىنى قارىغۇلارچە، باتىل يولغا سەرپ قىلىدۇ. يەنە بىرى ئاللاھ تائالا ئىلىممۇ ۋە مالمۇ بەرمىگەن كىشىدۇر. ئۇ ئادەم: ‹ئەگەر ئاللاھ ماڭا مال بەرگەن بولسا، بۇ باي مېلىنى قارىغۇلارچە خەجلىگەندەك، مەنمۇ شۇنداق قىلاتتىم› دەيدۇ. ئۇ ئىككىسى گۇناھتا باراۋەردۇر»(5).
ئەبۇ ئىمران ئەلجەۋنىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «پەرىشتىلەر ئەمەللەرنى ئېلىپ ئاسمانغا ئۆرلەيدۇ. ئاندىن ئاللاھ تائالا پەرىشتىلەرگە:
— ئۇ ئەمەل دەپتىرىنى تاشلاڭلار! — دەپ نىدا قىلىدۇ. پەرىشتىلەر:
— رەببىمىز! ئۇ ئادەم ياخشىلىقنى سۆزلىگەنىدى، بىز ئۇنى يېزىپ ساقلىدۇق، — دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تەبارەكە ۋەتائالا:
— ئۇ ئادەم ئۇ ياخشىلىق بىلەن مېنىڭ رازىلىقىمنى نىيەت قىلمىدى، — دەيدۇ.
ئاللاھ تائالا پەرىشتىگە:
— پالانىغا مۇنداق، مۇنداق ساۋاب يازغىن، — دەيدۇ. پەرىشتە:
— رەببىم! ئۇ ئادەم ئۇ ياخشى ئەمەلنى تېخى قىلمىدى، — دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا:
— ئۇ شۇ ياخشى ئەمەلنى قىلىشنى نىيەت قىلدى، — دەيدۇ(6).
ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا پەرز قىلغان ئەمەللەرنى قىلىش، ھارام قىلغان ئىشلاردىن ساقلىنىش ۋە ئاللاھ تائالا ھۇزۇرىدىكى نەرسىگە نىيەتنىڭ توغرا بولۇشى ئەڭ ئەۋزەل ئەمەلدۇر»(7).
بىر كىشى: «داۋاملىق ئاللاھ تائالا رازىلىقى ئۈچۈن قىلىنىدىغان بىر ئەمەلنى ماڭا كۆرسىتىپ قويۇڭلار» دېگەنىدى، ئۇنىڭغا: «ياخشىلىق قىلىشنى نىيەت قىلغىن. چۈنكى، سەن ياخشىلىق قىلىشنى نىيەت قىلساڭ، ئۇنى قىلمىساڭمۇ ياخشىلىق قىلىشقا نىيەت قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن، داۋاملىق ئۇنى قىلغاندەك بولىسەن» دېيىلدى.
ئەمەل قىلالمىسىمۇ، نىيەت ئەمەلنىڭ ئورنىدا تۇرىدۇ. چۈنكى، بىر كىشى كېچىدە قىيامدا تۇرۇشنى نىيەت قىلىپ، قىيامدا تۇرالماي ئۇخلاپ قالغان بولسا، ئۇ كىشىگە قىلىشنى نىيەت قىلغان ئىبادىتىنىڭ ساۋابى بولىدۇ.
بىر ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن: «بىر ئادەمنىڭ كېچىدە قىيامدا تۇرىدىغان بىر ۋاقتى بولسا ۋە شۇ ۋاقىتتا قىيامدا تۇرالماي ئۇخلاپ قالسا ئۇنىڭغا شۇ سائەتتە ناماز ئوقۇغانلىقنىڭ ئەجرى بولىدۇ. ئۇخلىغىنى ئۇنىڭغا قىلىنغان سەدىقە بولىدۇ»(8).
يەنە بىر ھەدىستە: «مۇئمىننىڭ نىيىتى ئۇنىڭ ئەمىلىدىن ياخشىدۇر» دېيىلگەن(9).
اَلنِّيةُ: نىيەت قىلىش، الْإِراَدَةُ: ئىرادە قىلىش ۋە الْقَصْدُ: مەقسەت قىلىش دېگەن سۆزلەر مەنىداش سۆزلەردۇر.
نىيەتكە مۇناسىۋەتلىك ئەمەللەرنىڭ تەپسىلاتى توغرىسىدا
شۇنى بىلگىنكى، ئەمەللەر ئۈچ قىسىمغا بۆلىنىدۇ:
بىرىنچى قىسىم: گۇناھ – مەئسىيەتلەر
گۇناھ – مەئسىيەتلەرنىڭ ماھىيىتى نىيەتكە قاراپ ئۆزگەرمەيدۇ. مەسىلەن، بىر كىشى ياخشىلىقنى ئىرادە قىلىپ ھارام مال بىلەن مەسجىد بىنا قىلغان بولسا، نىيەت قىلىنغان ياخشىلىق ئۇنىڭغا پايدا بەرمەيدۇ. چۈنكى، ياخشىلىقنى باشقا بىر يامانلىق بىلەن مەقسەت قىلىش بىر يامانلىق ھېسابلىنىدۇ. ياخشلىقلار شەرىئەتتە ياخشىلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، «خەير» دەپ بىلىنىدۇ. شۇنداق بولغان ئىكەن، يامانلىقنىڭ ياخشىلىق بولۇشى قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟! يامانلىقنىڭ ياخشىلىق بولۇشى ھەقتىن يىراقتۇر.
بىلگىنكى، ھارام مال بىلەن مەسجىد – مەدرەسەلەرنى بىنا قىلىپ، سۇلتانلارغا يېقىنلىق ئىزدىگەن كىشى ئەخمەقلەرگە ئوخشاش پاسىقلىق ئەمەللىرى بىلەن مەشغۇل بولىدىغان يامان كىشىلەرگە ئىلىم ئۆگىتىپ ئۇلارغا يېقىنلىشىدىغان يامان ئالىملارغا ئوخشاشتۇر. چۈنكى، بۇ يامان ئادەملەر ئىلىم ئۆگەنسە، ئاللاھ تائالانىڭ يولىنى توسىدىغان بۇلاڭچىلار بولىدۇ. ئۇلار دۇنيا تېپىشقا ھېرسمەن بولىدۇ ۋە نەپسى خاھىشىغا ئەگىشىدۇ. بۇنىڭ يامان ئاقىۋىتى ئۇلارنىڭ بۇزۇق نىيەتلىرىنى ۋە مەقسەتلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇلارغا ئىلىم ئۆگەتكۈچىگە بولىدۇ.
مەدداھلارنىڭ قىسسىلەرنى ئۆگىنىشىمۇ شۇ جۈملىدىندۇر. چۈنكى، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ مەقسەتلىرى ھەممىگە تونۇشلۇقتۇر. ئۇلارنىڭ مەقسىتى دۇنيا تېپىش ۋە قانداق يول بىلەن بولسۇن باشقىلارنىڭ مېلىنى ئېلىۋېلىشتىن ئىبارەت. شۇڭا، ئۇلارغا قىسسىلەرنى ئۆگىتىش بۇزۇقچىلىققا ياردەم بەرگەنلىكتۇر.
سەن تائەت – ئىبادەتنىڭ نىيەت سەۋەبلىك گۇناھ – مەئسىيەتكە ئايلىنىدىغانلىقىنى بىلىسەن. گۇناھ – مەئسىيەت بولسا نىيەت سەۋەبلىك ئەسلا تائەت – ئىبادەتكە ئايلانمايدۇ. بەلكى ئۇنىڭغا ناچار مەقسەت قوشۇلسا، ئۇنىڭ گۇناھى ھەسسىلەپ بولىدۇ ۋە يامان ئاقىۋىتى چوڭ بولىدۇ.
ئىككىنچى قىسىم: تائەت – ئىبادەتلەر
تائەت – ئىبادەتلەرنىڭ توغرا بولۇشىنىڭ ئاساسى ۋە ئۇنىڭ پەزىلىتىنىڭ ھەسسىلەپ ئېشىشى نىيەتكە باغلىقتۇر.
تائەت – ئىبادەتنىڭ ئاساسى باشقىنى ئەمەس، پەقەت ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىشنى نىيەت قىلىشتۇر. ئەگەر نىيىتى رىيا قىلىش بولسا، تائەت – ئىبادەت گۇناھ – مەئسىيەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ.
پەزىلىتىنىڭ ھەسسىلەپ ئېشىىشى ياخشى نىيەتلەرنىڭ كۆپ بولۇشى بىلەن بولىدۇ. چۈنكى، بىر ئىبادەتتە كۆپلىگەن ياخشىلىقلارنى نىيەت قىلىش مۇمكىن بولىدۇ. شۇ ئارقىلىق كىشىنىڭ ھەربىر نىيتىگە ساۋاب بېرىلىدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭدىن ھەربىرى بىر ياخشىلىق بولۇپ، بىر ياخشىلىق ئون ھەسسىلىنىپ يېزىلىدۇ.
مىسال: مەسجىدتە ئولتۇرۇش ئىبادەتتۇر. بۇ ئىبادەتتە كۆپلىگەن ئىشلارنى نىيەت قىلىش مۇمكىن. جۈملىدىن، مەسجىدكە كىرىش بىلەن نامازنى كۈتۈشنى، ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشنى ۋە بەدەن ئەزالىرىنى گۇناھتىن توختىتىشنى نىيەت قىلىش قاتارلىقلاردۇر. چۈنكى، ئېتكاپتا ئولتۇرۇش بەدەن ئەزالىرىنى گۇناھتىن توختاتقانلىقتۇر. يەنە مەسجىدتە ئولتۇرۇش بىلەن ئاللاھ تائالاغا يېتىشتىن قايتۇرغۇچى ئامىللارنى يوق قىلغىلى ۋە ئاللاھ تائالانى زىكىر قىلغىلى بولىدۇ. بۇ بولسا بىر ئەمەلدە ياخشى نىيەتلەرنى كۆپ قىلىشنىڭ يولىدۇر. بۇنىڭغا باشقا ئىبادەتلەرنى قىياس قىلغىن! چۈنكى، ھەرقانداق ئىبادەت نۇرغۇن نىيەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئۈچىنچى قىسىم: مۇباھلار
مۇباھ نەرسىلا بولىدىكەن، ئۇنىڭغا بىر ياكى بىرنەچچە ياخشى نىيەتنى قىلغىلى بولىدۇ. مۇباھ نەرسىلەر شۇ نىيەتلەر بىلەن ئىبادەتلەرگە ئايلىنىدۇ ۋە ئالىي دەرىجىلەرگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ياخشى نىيەتلەردىن غاپىل قېلىپ، ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىلگەن ھايۋانلارغا ئوخشاش ئىشلارنى قىلىپ يۈرگەن ئىنسانلار ناھايىتى چوڭ زىيان تارتقۇچىدۇر.
بەندە ھەرقانداق خىيالىنى، ئالغان قەدەملىرىنى ۋە ھەربىر قاراشلىرىنى تۆۋەن كۆرمەسلىكى كېرەك. چۈنكى، قىيامەت كۈنى بەندە بۇلارنىڭ ھەممسىدىن «نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلدىڭ؟ نېمىنى مەقسەت قىلدىڭ؟» دەپ سورالغۇچىدۇر.
مۇباھ ئىشلاردىن ئىبادەتنى نىيەت قىلىشنىڭ مىسالى: خۇش پۇراق ئىشلىتىش، بۇنىڭ بىلەن سۈننەتكە ئەگىشىشنى، مەسجىدنى ھۆرمەتلەشنى ۋە ئۆزى ئارىلاشقان كىشىلەرگە ئەزىيەت بېرىدىغان پۇراقلارنى يوق قىلىشنى نىيەت قىلىش قاتارلىقلار.
شۇنىڭدەك خۇش پۇراق ئىشلىتىش ئارقىلىق ئەقلىنى ۋە زېرەكلىكىنى ئاشۇرۇشنى نىيەت قىلىشى، پىكىر يۈرگۈزۈپ دىنىدىكى مۇھىم ئەھكاملارنى چۈشىنىۋېلىشىنى ئاسانلاشتۇرىدۇ. چۈنكى، ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ: «كىمنىڭ پۇرىقى ياخشى بولسا ئەقلى زىيادە بولىدۇ» دېگەن.
سەلەف سالىهلەردىن بىرى مۇنداق دېگەن: «مەن بارلىق ئىشلىرىمدا ھەتتا يېمەك، ئىچمەك، ئۇخلاش ۋە تاھارەت سۇندۇرۇش چاغلىق ئىشلاردىمۇ ياخشى نىيىتىم بولۇشىنى ياقتۇرىمەن»(10).
بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىشنى مەقسەت قىلىش مۇمكىندۇر. چۈنكى، بەدەننىڭ ساغلام تۇرۇشىغا ۋە قەلبنىڭ ساپ بولۇشىغا سەۋەب بولىدىغان ھەرقانداق نەرسە دىننىڭ مۇھىم ئىشلىرىدىندۇر. بىر كىشى يېمەك يەپ ئىبادەتتە بەردەم بولۇشنى، نىكاھلىنىپ دىنىنى ساقلاشنى ۋە ئايالىنىڭ قەلبىنى مەمنۇن قىلىشنى ھەمدە ئۆزى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىدىغان بىر بالىغا ئېرىشىشنى مەقسەت قىلسا، بۇنىڭ ھەممىسىگە ساۋاب بېرىلىدۇ.
سەن ھېچبىر سۆز – ھەرىكىتىڭنى سەل چاغلىمىغىن! سەندىن ھېساب ئېلىنىشتىن ئىلگىرى ئۆزۈڭدىن ھېساب ئالغىن! قىلماقچى بولغان ئىشىڭنى قىلىشتىن ئاۋۋال نىيىتىڭنى توغرىلىغىن! ۋە تەرك ئەتكەن نەرسىلەردىمۇ نىيىتىڭگە قارىغىن!
نىيەتنىڭ ئىنساننىڭ ئىختىيارلىقى دائىرىسىگە كىرمەيدىغانلىقىنىڭ بايانى
شۇنى بىلگىنكى، نەپس ئۆزىگە نەق شۇ دەمدە ياكى كېلەچەكتە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلگەن نەرسىگە مايىل بولىدۇ ۋە شۇ نەرسىگە نەپسىنىڭ قوزغىلىشى «نىيەت» دېمەكتۇر.
بەلكىم، بەزى جاھىللار: «بىز نىيەتنى ياخشى قىلىش ھەققىدە تەۋسىيە قىلغان بەزى سۆزلەرنى ئاڭلاپ، يېمەك يېگەن چاغدا ئاللاھ تائالا رازىلىقى ئۈچۈن يېيىشنى نىيەت قىلدىم ياكى ئوقۇغان چاغدا ئاللاھ تائالا رازىلىقى ئۈچۈن ئوقۇشنى نىيەت قىلدىم» دېيىشى ۋە بۇنى نىيەت قىلغانلىق دەپ ئويلىشى مۇمكىن. ھالبۇكى، بۇ نىيەت ئەمەستۇر. ھەقىقىي نىيەت بولسا قەلبنىڭ قوزغىلىشىدۇر. نىيەت ئاللاھ تائالاغا تامامەن تەسلىم بولۇشتۇر. نىيەت ئىختىيارلىق دائىرىسىگە كىرمەيدۇ. نىيەت قىلىش بەزىدە ئاسان، بەزىدە تەس بولىدۇ. كۆپىنچە ۋاقىتتا قەلبى دۇنياغا ئەمەس، دىنغا مايىل بولىدىغان كىشىگە نىيەت قىلىش ئاسان بولىدۇ.
كىشىلەر نىيەت قىلىشتا بىرنەچچە قىسىمغا بۆلىنىدۇ:
بىر قىسمى، قورقۇش تۈرتكىسىدە تائەت – ئىبادەت قىلىدۇ.
بىر قىسمى، ئۈمىد قىلىش تۈرتكىسىدە ئەمەل قىلىدۇ.
يەنە بىر قىسمى يۇقىرىقى ئىككىسىدىنمۇ ئۈستۈندۇر. ئۇ بولسىمۇ ئىبادەتكە ۋە قۇللۇق قىلىشقا لايىق بولغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ تائالانى ئۇلۇغلاش نىيىتىدە ئىبادەت قىلىش. بۇنداق ئىبادەت قىلىشقا دۇنياغا قىزىققۇچى مۇيەسسەر بولمايدۇ. بۇ بولسا نىيەتلەرنىڭ ئەڭ كەم ئۇچرايدىغىنى ۋە ئەڭ ئالىيسىدۇر. بۇ نىيەتتە بولۇش تۈگۈل، ئۇنى چۈشىنىدىغانلارمۇ بەك ئازدۇر. بۇ دەرىجە ئىگىسى ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرگەنلىكتىن، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلۇغلۇقى ھەققىدە پىكىر قىلىش ۋە ئاللاھ تائالانى زىكىر قىلىشتىن ئۆتۈپ كەتمەيدۇ.
ھېكايە قىلىنىدۇكى، ئەھمەد ئىبنى خەزرەۋەيھ ئىززەت ئىگىسى بولغان ئاللاھ تائالانى چۈشىدە كۆرىدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا: «بارلىق كىشىلەر مەندىن (بىرنەرسە) تىلەيدۇ، ئەمما ئەبۇ يەزىد (ئەلبىستامىي) مېنى تىلەيدۇ» دەيدۇ.
بىزنىڭ بۇنى كەلتۈرۈشتىكى مەقسىتىمىز نىيەتلەرنىڭ دەرىجە جەھەتتە پەرقلىق بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىش ئۈچۈندۈر. بىر كىشىنىڭ قەلبىنى بۇ نىيەتلەردىن بىرى چۇلغىۋالسا، بەزىدە ئۇنىڭدىن باشقىغا مايىل بولالماسلىقى مۇمكىن. بىر كىشى مۇباھ نەرسىگە نىيەت باغلىسا، لېكىن پەزىلەتلىك ئەمەلگە نىيەت باغلىيالمىسا، مۇباھقا نىيەت باغلىيالىغىنى ئەۋزەل. پەزىلەت مۇباھقا يۆتكىلىدۇ.
مىسال: بىر كىشى ئىبادەتتە تېخىمۇ بەردەم بولۇش ۋە بەدىنىنى راھەتلەندۈرۈش ئۈچۈن يەپ – ئىچىشكە نىيەت باغلىغان بولۇپ، ئاشۇ ھالەتتە ناماز ئوقۇش ۋە روزا تۇتۇشقا نىيەت قوزغالمىسا، ئۇنىڭ يېيىشى ۋە ئۇخلىشى ئەۋزەلدۇر. بەلكى ئىبادەتنى كۆپ قىلغانلىقتىن، ئىبادەت قىلىش مالال كەلسە ۋە مۇباھ نەرسە بىلەن بىر سائەت راھەتلەنسە ئۇنىڭ تېتىكلىكى قايتىدىغان بولسا، ئۇ چاغدا شۇنى قىلىش ئىبادەت قىلغاندىن ئەۋزەلدۇر.
ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «قەلبلەرنى دەم ئالدۇرۇڭلار، ئۇنىڭغا ئاجايىب ھېكمەتلەرنى ئىزدەڭلار، چۈنكى قەلبلەر بەدەن چارچىغاندەك چارچايدۇ».
بىر كىشى مۇنداق دېگەن: «قەلبلەرنى راھەتلەندۈرسەڭلار، قەلبلەر زىكىرنى چۈشىنىدۇ».
بۇ نازۇك ئىلىملەرنى پەقەت ئالىملار بىلەن ئارىلىشىش ئارقىلىق بىلەلەيسەن. چۈنكى، ئۇستا تېۋىپ بەزىدە قىزىپ قالغان كىشى قىزىپ تۇرسىمۇ، گۆش بىلەن داۋالىيالايدۇ. نائۇستا تېۋىپنىڭ بۇنداق قىلالىشى ناتايىن. نائۇستا تېۋىپ داۋالىماقچى بولغان ئادەمنىڭ داۋالاشنى كۆتۈرەلىشى ۋە ئۇنىڭ قۇۋۋەتلىك بولۇشى ئۈچۈنلا گۆش تەلەپ قىلىدۇ.
شۇنىڭدەك ئۇرۇش قىلىشقا ماھىر كىشى دۈشمىنىنى تېخىمۇ تار يەرگە كىرگۈزۈش ئۈچۈن ھىيلە ئىشلىتىپ دۈشمىنىدىن قېچىشى مۇمكىن. ئاللاھ تائالا يولىدا مېڭىش شەيتانغا قارشى ئۇرۇش قىلغانلىقتۇر. قەلبنى داۋالىغانلىقتۇر. ياخشىلىققا مۇۋەپپەق قىلىنغان ۋە يىراقنى كۆرىدىغان كىشى شۇ يولدىكى ئاجىز كىشىلەر يىراق سانايدىغان نازۇك ھىيلىلەرنى بىلىدۇ. شۇڭا، ئاجىز كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرى بىلمىگەن نەرسىلەرنى يىراق سانىشى توغرا بولمايدۇ. بەلكى ئۇلار بۇ ئىشلارنىڭ سىرلىرى ئېچىلىپ بولغۇچە ياكى ئۆزلىرى شۇ ماقاملارغا يەتكۈچە بۇ ئىشلارنىڭ سىرلىرىنى يۈكسەك ماقاملىق كىشىلەرگە تاپشۇرۇشى كېرەك.
ئىمام ئىبنى قۇدامە ئەلمەقدىسىينىڭ: «مۇختەسەرۇ مىنھاجۇل قاسىدىن» كىتابىدىن.
تەرجىـــمە قىلـــــغۇچى: ئابدۇللاھ ئابدۇلمەجىد
1. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1)؛ مۇسلىم (1907). ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
2. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (7458)؛ مۇسلىم (1904). ئەبۇ مۇسا ئەشئەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
3. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (4423)؛ مۇسلىم (1911).
4. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6491)؛ مۇسلىم (131).
5. ئەھمەد (18053)؛ ئىبنى ماجە (4228). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «ھەسەن» دېگەن. ئالبانىي: («سەھىھۇ سۈنەنى ئىبنى ماجە»، 3406) «سەھىھ» دېگەن.
6. ئەبۇ نۇئەيم: «ھىليەتۇل ئەۋلىياﺋ»، 2/313.
7. ئىبنى ئەبىددۇنيا: «ئەلۋەرەئۇ»، (175).
8. مالىك (255)؛ ئەھمەد (24386)؛ ئەبۇ داۋۇد (1314). ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايىتى. شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەھىھ لىغەيرىھى» دېگەن. ئالبانىي: («سەھىھۇلجاﻣﯩﺌ»، 5691) «سەھىھ» دېگەن.
9. تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، (5809)؛ بەيھەقىي: «شۇئەبۇلئىمان»، (6445). ئالبانىي: («زەئىفۇلجاﻣﯩﺌ»، 5976) «زەئىف» دېگەن. سەھل ئىبنى سەئد ۋە ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار رىۋايىتى.
10. بۇ تابىئىنلاردىن زۇبەيد ئىبنى ھارىس ئەليامىينىڭ — ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن — سۆزىدۇر. قاراڭ: ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك: «ئەززۇھد»، (195).