ئاللاھ بىلەن ئۇنس - ئۈلپەت ۋە ئاللاھنىڭ قازاسىغا رازى بولۇش

ئاللاھ بىلەن ئۇنس – ئۈلپەت ۋە ئاللاھنىڭ قازاسىغا رازى بولۇش

شۇنى بىلگىنكى، بىر كىشى ئۈلپەتلەشمەكچى بولسا، ئۇ خىلۋەتتە يەككە – يېگانە قېلىش بىلەنلا ھۇزۇر تاپىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ تائالا بىلەن ئۈلپەتچىلىك ئاللاھ تائالانىڭ غەيرىدىن خالىي بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا بىلەن ئۈلپەتلەشكەندە، قەلبكە ئەڭ ئېغىر كېلىدىغان نەرسە ئاللاھ تائالا بىلەن خىلۋەتتە قېلىشتىن توسۇلۇشتۇر.

ئابدۇلۋاھىد ئىبنى زەيد رەھىمەھۇللاھ ئېيتۇر:

«مەن بىر ئابىدقا:

— سېنى خىلۋەتتە قېلىش ھۇزۇرلاندۇرۇپتۇ، — دېگەنىدىم، ئابىد:

— خىلۋەتتە قېلىش ھالاۋېتىنى تېتىساڭ، ئۆزۈڭچە خىلۋەتكە ھېرىس بولىسەن، — دېدى.

— بەندە قاچان ئاللاھ تائالا بىلەن ئۈلپەتلىشىش ھالاۋىتىنى تېتىيدۇ؟

— دوستلۇق ساپ بولسا، مۇئامىلە قىلىش خالىس بولىدۇ.

— دوستلۇق قاچان ساپ بولىدۇ؟

— پۈتۈن غەملەر يىغىلىپ ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىشتىن ئىبارەت پەقەت بىر غەمگە ئايلانغاندا ساپ بولىدۇ».

ئەگەر «ئاللاھ تائالا بىلەن ئۈلپەتلىشىشنىڭ ئالامىتى نېمە؟» دەپ سورالسا، جاۋاب: «ئۇنىڭ خاس ئالامىتى: كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىشىتىن كۆڭلى سىقىلىش، كىشىلەردىن زېرىكىش، كىشىلەرگە ئارىلاشقاندا يالغۇزسىراش، گەرچە بەدىنى بىلەن ئارىلاشقان بولسىمۇ، قەلبى بىلەن يالغۇز قالغان كىشىگە ئوخشاش بولۇشتۇر».

ئۈلپەتلىشىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەمىلىگە تايىنىۋېلىش ۋە خۇرسەنلىكنىڭ مەنىسى
بىلگىنكى، ئۈلپەتچىلىك كۈچلۈك ۋە مۇستەھكەم داۋاملاشسا، بەزىدە ئەمىلىگە تايىنىۋېلىش ۋە ئەركىلەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭغا گەرچە ئۈلپەتلەشكەن دوست – يار كۆز يۇمالىسىمۇ، ئۇنىڭدا تەنتەكلىك ۋە بىھۆرمەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن خۇش كۆرۈلمەيدۇ.

ئەگەر كىشى ئاڭسىز ھالدا بۇنى سادىر قىلغان بولسا، ئۇنداق كىشى كۇفۇرلىققا يېقىنلىشىپ قالىدۇ.

ئەلقىسسە، ئەبۇ ھەفسە بىر كۈنى يولدا كېتىۋېتىپ، تېڭىرقاپ قالغان بىر كىشىگە يولۇقتى. ئەبۇ ھەفسە ئۇنىڭغا:

— ساڭا نېمە بولدى؟ — دېگەنىدى، ئۇ:

— ئېشىكىم يوقاپ كەتتى، مېنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا نەرسەم يوق ئىدى، — دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئەبۇ ھەفسە توختاپ:

— ئى ئاللاھ! سېنىڭ قۇدرىتىڭ بىلەن قەسەمكى! ئۇنىڭ ئېشىكىنى قايتۇرۇپ بەرمىسەڭ، مەن بىر قەدەممۇ ئالمايمەن، — دېدى. ئاندىن شۇ ھامان ئۇنىڭ ئېشىكى پەيدا بولدى.

رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بەرخ ئىسىملىك ئابىد سۇ تىلەپ چىقىپ، مۇنداق دۇئا قىلىدۇ: «ئى پەرۋەردىگارىم! سەن بېخىللىق بىلەن تۆھمەت قىلىنمايسەن، ۋەدەڭگە ۋاپا قىلغىن، بىزنى بۇ سائەتتە يامغۇر بىلەن سۇغارغىن».

بىر كىشى ئېيتسا ئەپۇ قىلىنىدىغان سۆزلەرنى يەنە بىر كىشى ئېيتقاندا، ئەپۇ قىلىنماسلىقى مۇمكىن.

قازايىقەدەرگە رازى بولۇشنىڭ مەنىسى، ئۇنىڭ ھەقىقىتى ۋە پەزىلىتى توغرىسىدا
قازايىقەدەرگە رازى بولۇش مۇقەررەب (ئاللاھقا يېقىن قىلىنغان) كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئالىي ماقامى بولۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ قازاسىغا رازى بولۇش ياخشى كۆرۈشنىڭ نەتىجىسىدۇر. ئۇنىڭ ھەقىقىتى مەخپىيدۇر. ئاللاھ تائالانىڭ ھېكمىتىنى چۈشەنگەن كىشىگىلا قازايىقەدەر ھەققىدىكى ئىش ئايدىڭلىشىدۇ.

قازايىقەدەرگە رازى بولۇشنىڭ پەزىلىتى ھەققىدىكى بىر ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاللاھ بىر بەندىگە ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭغا تەقسىم قىلغان نەرسە بىلەن ئۇنى مەمنۇن قىلىدۇ» دېگەن(1).

ئاللاھ تائالا داۋۇد ئەلەيھىسسالامغا مۇنداق ۋەھيى قىلغان: «ئى داۋۇد! سەن مەن ئەۋەتكەن قازاغا رازى بولۇشتىنمۇ بەكرەك مېنى رازى قىلىدىغان ۋە گۇناھىڭنى تۆكۈۋېتىدىغان بىر ئەمەل بىلەن ماڭا مۇلاقەت بولالمايسەن»(2).

ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەدىي ئىبنى ھاتىم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى كۆڭلى يېرىم ھالەتتە كۆرۈپ، ئۇنىڭغا:

— ئى ئەدىي! قارىسام كۆڭلۈڭ يېرىم، غەم – قايغۇغا پېتىپ قالغاندەك كۆرۈنىسەنغۇ؟ — دېگەنىدى، ئەدىي:

— مېنىڭ كۆڭلۈم نېمىشقا يېرىم بولمىغۇدەك؟ ئىككى ئوغلۇم ئۆلتۈرۈلدى، كۆزۈم قۇيۇۋېتىلدى، — دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئەلى:

— ئى ئەدىي! كىمكى ئاللاھ تائالانىڭ قازاسىغا رازى بولسا، ئاللاھ تائالانىڭ قازاسى ئۇنىڭغا داۋام قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئەجىر بولىدۇ. كىمكى ئاللاھ تائالانىڭ قازاسىغا رازى بولمىسا، ئاللاھ تائالانىڭ قازاسى ئۇنىڭغا داۋام قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئەمىلى بىكار بولۇپ كېتىدۇ، — دېدى(3).

ئەبۇددەرداﺋ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆلۈم ئالدىدىكى بىر ئادەمنىڭ يېنىغا كىردى، ئۇ ئادەم ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىۋاتاتتى. ئەبۇددەرداﺋ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭغا: «توغرا قىلدىڭ. ئاللاھ تائالا بىر قازانى ھۆكۈم قىلسا، ئۇنىڭغا رازى بولۇشنى ياخشى كۆرىدۇ» دېدى(4).

ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ ئادىللىقى ۋە ئىلمى بىلەن، خۇشال – خۇراملىقنى قازايىقەدەرنى تونۇش ۋە ئۇنىڭغا رازى بولۇشتا، غەم – قايغۇنى قازايىقەدەرگە شەك قىلىش ۋە ئاچچىقلىنىشتا قىلدى» دېگەن(5).

ئەلقەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئاللاھ ئەززە ۋەجەللەنىڭ: ﴿ئاللاھ ئۇنىڭ قەلبىنى (سەبرگە) يېتەكلەيدۇ﴾(64/«تەغابۇن»: 11) دېگەن سۆزى ھەققىدە: «بۇ ‹بىر ئادەمگە مۇسىبەت يەتسە، ئۇ مۇسىبەتنىڭ ئاللاھ تائالادىن بولغانلىقىنى بىلىپ، ئۇنىڭغا تەسلىم بولۇپ، رازى بولسا ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ قەلبىنى (سەبرگە) يېتەكلەيدۇ› دېگەنلىكتۇر»(6) دېگەن.

ئەبۇ مۇئاۋىيە ئەلئەسۋەد رەھىمەھۇللاھ ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿بىز ئۇنى ئەلبەتتە ئوبدان ياشىتىمىز﴾(16/«نەھل»: 97) دېگەن ئايىتىنىڭ(7) مەنىسى: «قانائەتچانلىق ۋە قازاغا رىزا دېمەكتۇر» دېگەن(8).

ئېيتىلىشىچە: بىر پەيغەمبەر پەرۋەردىگارىغا ئاچ ۋە يوقسۇللۇقتىن ئون يىل شىكايەت قىلىدۇ. لېكىن، شىكايىتىگە جاۋاب بېرىلمەيدۇ. كېيىن ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا ۋەھيى قىلىپ: «قاچانغىچە شىكايەت قىلىسەن، مەن ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى يارىتىشتىن ئاۋۋال لەۋھۇلمەھپۇزدا سېنىڭ پېشانەڭگە مۇشۇنداق يېزىلغان ئىدى، بۇ مېنىڭ ھۆكمىمدۇر، دۇنيانى يارىتىشىمدىن ئالدىنلا ساڭا شۇنداق ھۆكۈم قىلغان ئىدىم، سېنى دەپ دۇنيانى قايتا يارىتىشىمنى خاھلامسەن ياكى ساڭا پۈتكەن تەقدىرىمنى ئۆزگەرتسەم، مېنىڭ ياخشى كۆرگىنىمدىن سېنىڭ ياخشى كۆرگىنىڭنىڭ يۇقىرى بولۇشىنى، مېنىڭ ئىرادەمدىن سېنىڭ ئىرادەڭنىڭ يۇقىرى بولۇشىنى ياخشى كۆرەمسەن؟ قۇدرىتىم ۋە ئۇلۇغلۇقۇم بىلەن قەسەمكى! ئەگەر ئۇشبۇ شىكايەت يەنە بىر قېتىم كۆڭلۈڭدىن كەچكۈدەك بولسا، سېنى پەيغەمبەرلەر كىتابىدىن ئۆچۈرۈۋېتىمەن» دېدى(9).

داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ زەبۇرىدا مۇنداق دېيىلگەن: «پىلسىرات كۆۋرۈكىدىن ئەڭ تېز ئۆتىدىغان كىشىنىڭ كىملىكىنى بىلەمسەن؟ ئۇلار ھۆكمىمگە رازى بولغان ۋە مېنى زىكىر قىلىپ تىللىرى دائىم ھەرىكەت قىلىپ تۇرىدىغان كىشىلەردۇر»(10).

داۋۇد ئەلەيھىسسالام: «ئى پەرۋەردىگارا! سەن قايسى بەندىنى ئەڭ يامان كۆرۈسەن؟» دېگەنىدى، ئاللاھ تائالا: «بىر ئىشتا ماڭا ئىستىخارە سېلىپ، مەن ئۆزىگە تاللاپ بەرسەم، ئۇنىڭغا رازى بولمىغان بەندىنى» دېدى(11).

ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز رەھىمەھۇللاھ: «مېنىڭ خۇشاللىقىم قازايىقەدەر ئورۇنلىرىدىلا قالدى» دېگەنىكەن. ئۇنىڭغا: «كۆڭلۈڭ نېمىنى تارتىدۇ؟» دەپ سورالغاندا، ئۇ: «كۆڭلۈم ئاللاھ تائالا ھۆكۈم قىلغاننى تارتىدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەنىكەن(12).

ھەسەن بەسرىي: «كىمكى ئاللاھ ئۇنىڭغا تەقسىم قىلغانغا رازى بولسا، ئۇنىڭغا يېتىپ ئاشىدۇ ۋە ئاللاھ ئۇنىڭغا بەرىكەت ئاتا قىلىدۇ. كىمكى رازى بولمىسا، تەقسىم قىلىنغىنى ئۇنىڭغا يەتمەيدۇ ۋە ئاللاھ ئۇنىڭغا بەرىكەت ئاتا قىلمايدۇ» دېگەن(13).

ئابدۇلۋاھىد ئىبنى زەيد رەھىمەھۇللاھۇ: «قازاغا رىزا ئاللاھ تائالانىڭ ئەڭ بۈيۈك ئىشىكىدۇر، دۇنيانىڭ جەننىتىدۇر ۋە ئابىدلارنىڭ ئارامگاھىدۇر» دېگەن(14).

بىر زات: «ئاخىرەتتە ھەرقانداق ھالەتتە قازايىقەدەرگە رازى بولغۇچىلارنىڭ دەرىجىسىدىن يۇقىرى دەرىجە بولمايدۇ. كىمگەكى قازايىقەدەرگە رازى بولۇش سوۋغا قىلىنسا، ئەڭ ئەۋزەل دەرىجىلەرگە ئېرىشىدۇ» دېگەن(15).

بىر ئەئرابىي تاڭ ئاتقۇزغاندا ئۇنىڭ نۇرغۇن تۆگىلىرى ئۆلۈپ قالغان ئىدى، بۇنى كۆرگەن ئەئرابىي دېدىكى:

ياق! قەسەمكى، مەن ئاللاھنىڭ قۇلى بىر بەندە،

مۇسىبەتكە دۈشمەنلەر خۇشاللىقى بولمىسا مەندە.

تۆگىلىرىم ئېغىلدا بولسا قىلماس ئىدى مېنى خۇشال،

ئاللاھنىڭ قازاسى كەلمىسە قىلاتتى شۇ مېنى ئوسال.

 

پەسىل: ئاللاھ تائالانىڭ قازاسىغا رازى بولۇشنىڭ ھەقىقىتى ۋە ئۇنىڭ نەپس – خاھىشقا يات ئىشلاردىمۇ مۇمكىنلىكى توغرىسىدا

نەپس – خاھىشقا قارشى ئىشلاردىمۇ ئاللاھ تائالانىڭ قازاسىغا رازى بولۇش مۇمكىندۇر.

يەنى ئىنسان ئۆزىگە يەتكەن بەزى كېسەللەرنى ھېس قىلىدۇ ۋە ئاغرىق تارتىدۇ. ئىنسان تەبىئەتەن ئاغرىقنى يامان كۆرسىمۇ، لېكىن ئاغرىق سەۋەبلىك ساۋابقا ئېرىشىدىغانلىقى ئۈچۈن، دىلىدا ئاغرىققا رازى بولىدۇ ۋە ھەتتا ئاغرىقنىڭ زىيادە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

مىسال: بىر كىشى قان ئالغۇچىدىن بەدىنىگە لوڭقا قويۇپ قان ئېلىپ قويۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇ كىشى بۇنداق داۋالىنىشنىڭ ئاغرىقىنى ھېس قىلىدۇ. شۇنداق تۇرۇپ، ئۇ كىشى لوڭقا قويۇپ داۋالىنىشنى خاھلايدۇ ۋە لوڭقىنىڭ ئاغرىقى ھەمدە داۋالىغۇچىنىڭ جەبرىگە سەبر قىلىدۇ.

شۇنىڭدەك بىرەر پايدىنى كۆزلەپ سەپەر قىلغۇچى سەپەردە مۇئەييەن قىيىنچىلىق تارتىدۇ. لېكىن، ئۇ كىشى سەپەر مۇشەققىتىدىن كېيىنكى نەپ ھالاۋىتىنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن، ھەرقانچە قىيىنچىلىقمۇ ھېچنېمە تۇيۇلمايدۇ. ئېرىشىلگۈسى پايدا ئۇنى قىينچىلىققا رازى بولىدىغان قىلىپ قويىدۇ.

ھەرقانداق كىشىگە ئاللاھ تائالا تەرەپتىن بالا – قازا يەتسە، ئۇ كىشى سەبر قىلسا جەزمەن ساۋابقا ئېرىشىدىغانلىقىغا ئىشەنسە، ئۇنداق كىشى قولىدىن كەتكەن نەرسىدىن بەكرەك يۇقىرى ئەجىرگە ئېرىشىشنى كۈتىدۇ، شۇ ئارقىلىق ئۆزىگە يەتكەن بالا – قازاغا رازى بولىدۇ ۋە يەتكەن ئۇشبۇ بالا – قازا ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر قىلىدۇ. گاھىدا سۆيگۈ غالىب كېلىپ، سۆيگۈچىنىڭ دىققىتى ساۋاب كۆزلەشتىن ئاللاھ تائالانىڭ ئىرادە قىلغىنىغىلا مەركەزلىشىپ قالىدۇ -دە، سۆيگۈنىنىڭ زىيادىلىكىدىن ئەلەم ھېس قىلمايدۇ ۋە ئاللاھنىڭ ئىرادە قىلغىنى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ سۆيۈملۈك بولىدۇ.

قاتتىق ياخشى كۆرگەندە، مالامەت تۇيغۇسى يوقىلىدۇ. بۇ ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. چۈنكى، ئاچچىق كەلگەندە ياكى قورققاندا ئۇرۇش قىلغان ئادەم جاراھەتلەنسىمۇ ھېس قىلمايدۇ. يارىلانغىنىنى سەزمەيدۇ. چۈنكى، ئۇ كىشىنىڭ قەلبى شۇ ئۇرۇشقا غەرق بولغاندۇر. قەلب بىر ئىشقا غەرق بولسا، ئۇنىڭدىن باشقىنى ھېس قىلمايدۇ. بۇ كۆز ئالدىمىزدا كۆرۈلگەن ئىشلاردۇر.

جۇنەيد رەھىمەھۇللاھ: «مەن سەررىيدىن: ‹ئاللاھ ئاشىقى بالا – قازا ئاغرىقىنى ھېس قىلامدۇ؟› دەپ سورىغانىدىم، ئۇ: ‹ياق› دەپ جاۋاب بەردى» دېگەن.

بالا – قازا يەتكەن كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى بىزگە رىۋايەت قىلىنىدۇ: «ئەزالىرىمىز بىر – بىرلەپ كېسىلگەن تەقدىردىمۇ بىزنىڭ ئاللاھ تائالاغا بولغان مۇھەببىتىمىز تېخىمۇ زىيادە بولغان بولاتتى». مۇھەببەتنىڭ كۈچىيىشى دەرد – ئەلەمنى ھېس قىلدۇرمايدىغانلىقى ۋە بۇنىڭ ئىنسانلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىدە تەسەۋۋۇر قىلىنىدىغانلىقى ئىلگىرى سۆزلەندى.

بىر كىشى ھېكايە قىلىپ ئېيتىدۇ: «بىزنىڭ بىر قوشنىمىزنىڭ ياش بىر دېدىكى بار ئىدى. ئۇ ئادەم دېدىكىگە بەك ئامراق ئىدى. بۇ دېدەك قىز ئاغرىپ قاپتۇ. ئۇ كىشى دېدىكىگە بۇغداي ئۇمىچى پىشۇرماقچى بولۇپ، قازاندىكى نەرسىلەرنى ئۆرۈپ – چۆرۈۋاتقاندا، تۇيۇقسىز دېدەك قىز ‹ئاھ!› دەپ نالە قىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەم چۆچۈپ كېتىپ، قولىدىن چۆمۈچ يەرگە چۈشۈپ كېتىپتۇ. ئاندىن ئۇ كىشى قازاندىكى نەرسىلەرنى قولى بىلەن ئۆرۈپ – چۆرۈشكە باشلاپتۇ. ھەتتا ئۇنىڭ بارماقلىرى پىشىپ چۈشۈپ قاپتۇ. لېكىن، ئۇ ئادەم بۇنى سەزمەي قاپتۇ».

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئەھۋالنى ئاياللارنىڭ يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنى كۆرگەن چاغدا قوللىرىنى كېسىۋېلىپمۇ ئاغرىقنى ھېس قىلمىغانلىق قىسسەسى تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈپ بېرىدۇ.

بىز تىلغا ئالغان بايانلاردىن نەپس – خاھىشقا قارشى ئىشلاردىمۇ رازى بولۇشنىڭ مۇمكىن بولىدىغانلىقى ئېنىق ئاشكارا بولىدۇ. بۇ خىل ياخشى كۆرۈش ئىنسانلار ۋە ئۇلارنىڭ نېسىۋىلىرى بارىدا مۇمكىن بولغان يەردە ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا بارىدىمۇ مۇمكىندۇر. ئاخىرەت نېسىۋىلىرىدە تېخىمۇ مۇمكىندۇر. بۇنىڭ مۇمكىن بولۇشىنىڭ ئۈچ يولى باردۇر:

بىرىنچى يول: مۇئمىننىڭ ئۆزىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدىن ئاللاھ تائالانىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلىشى.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاللاھ تائالا مۇئمىنگە بىرنەرسە ئىرادە قىلغان بولسىلا، چوقۇم ئۇنىڭدا مۇئمىنگە ياخشىلىق باردۇر» دېگەن([16]). مەكھۇل رەھىمەھۇللاھ ئېيتۇر: «مەن ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ: ‹ھەقىقەتەن، بىر بەندە ئاللاھ تائالاغا ئىستىخارە سالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئۈچۈن تاللاپ بېرىدۇ. بۇنىڭغا ئۇ ئادەم ئاچچىقلىنىدۇ. لېكىن، دەرھال ئىشنىڭ ئاقىۋىتىگە قارىسا، ئۆزىگە بىر ياخشىلىقنىڭ بارلىقىنى بىلىدۇ› دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم».

مەسرۇق رەھىمەھۇللاھ ئېيتۇر: «سەھرادا بىر ئادەم بولۇپ، ئۇنىڭ ئىتى، ئېشىكى ۋە بىر خورىزى بار ئىدى. خوزار ئۇنى نامازغا ئويغىتاتتى، ئېشەك ئۇنىڭ سۈيىنى توشۇيتتى، چېدىرىنى كۆتۈرەتتى. ئىت ئۇلارنى قوغدايتتى. مەلۇم بىر كۈنى بىر تۈلكە كېلىپ خورازنى ئېلىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۆيدىكىلەر ئۇنىڭغا قايغۇردى. ئۇ ئادەم بولسا: ‹بۇنىڭدا بىر ياخشىلىق بولۇشى مۇمكىن› دېدى. ئاندىن بىر بۆرە كېلىپ ئېشەكنىڭ قورسىقىنى يېرىۋەتتى، ئېشەك ئۆلگەندىن كېيىن، ئائىلىسى ئۇنىڭغا قايغۇردى. ئۇ ئادەم بولسا: ‹بۇنىڭدا بىر ياخشىلىق بولۇشى مۇمكىن› دېدى. ئاندىن ئىتمۇ ئۆلدى. ئۇ ئادەم يەنىلا: ‹بۇنىڭدا بىر ياخشىلىق بولۇشى مۇمكىن› دېدى. مەلۇم بىر كۈنى تاڭ ئاتقاندا، ئۇلار ئەتراپقا قارىۋىدى، ئەتراپتىكىلەر ھەممىسى ئەسىرگە ئېلىنىپ ئېلىپ كېتىلگەن ئىدى، پەقەت ئۇلار قېلىپ قالغان ئىدى. (ئەسلىدە) باشقىلارنىڭ قوي، ئېشەك، خورازلىرى ئاۋاز چىقارغانلىقى ئۈچۈن بىلىنىپ قېلىپ تۇتۇپ كېتىلگەن، بۇلارنىڭ قېشىدا ئاۋاز چىقارغۇدەك ئىت، ئېشەك ياكى خوراز بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئەسىرگە چۈشمەي قېلىپ قالغان ئىدى».

سەئىد ئىبنى مۇسەييەب رەھىمەھۇللاھ ئېيتۇر: «لوقمان ھەكىم ئوغلىغا نەسىھەت قىلىپ:

— ئوغلۇم! ساڭا سەن رازى بولىدىغان ياخشى ئىش بولسۇن ياكى سەن يامان كۆرىدىغان يامان ئىش بولسۇن، بىرەر ئىش يەتسە، قەلبىڭدە ‹شۇ ئىش ماڭا نىسبەتەن ياخشى› دېگەن ئېتىقادنى تۇرغۇزغىن، — دېگەنىدى، ئوغلى ئۇنىڭغا:

— سېنىڭ بۇ سۆزۈڭ سەن دېگەندەك بولمىغۇچە مەن ساڭا بۇ ھەقتە ‹شۇنداق قىلاي› دەپ ۋەدە بېرەلمەيمەن، — دېدى. شۇنىڭ بىلەن لوقمان ھەكىم ئوغلىغا:

— ئوغلۇم! ئاللاھ تائالا بىر پەيغەمبەر ئەۋەتتى. ماڭغىن، شۇ پەيغەمبەرنىڭ يېنىغا بارايلى! ئۇ پەيغەمبەر مەن ساڭا دېگەن بۇ سۆزنى چۈشەندۈرۈپ قويىدۇ، — دېدى. ئوغلى ئۇنىڭغا:

— ئۇنداقتا بىزنى ئۇنىڭ يېنىغا ئېلىپ بارغىن، — دېدى. شۇنداق قىلىپ، لوقمان ھەكىم بىر ئېشەككە مىنىپ، ئوغلى بىر ئېشەككە مىنىپ، يارىغۇدەك ئوزۇق – تۈلۈكلەرنى ئېلىپ سەپەرگە چىقىپ، بىرنەچچە كېچە – كۈندۈز يول ماڭدى ۋە ئۇلار بىر چۆلگە دۇچ كەلدى. ئۇلار لازىمەتلىكلىرىنى ئېلىپ چۆلگە كىردى. ئۇلار ئاللاھ تائالا خاھلىغىنىچە ئۇزۇن يول يۈرۈدى. چۈش بىلەن قاتتىق ئىسسىقتا ئۇلارنىڭ سۇ ۋە ئوزۇق – تۈلۈكلىرى تۈگەپ كەتتى. ئۇلار ئېشىكىدىن چۈشۈپ ئاستا ماڭدى. ئۇلار شۇ ھالەتتە كېتىۋاتقاندا، ئۇشتۇمتۇت لوقمان ھەكىم ئالدىغا قارىدى ۋە ئالدىدا بىر قارا ۋە تۈتۈن كۆردى. شۇنىڭ بىلەن لوقمان ھەكىم كۆڭلىدە ‹بۇ قارىلىق دەرەخزارلىق، تۈتۈن بولسا ئۆي ۋە كىشىلەر بار يەر بولۇشى مۇمكىن› دېگەنلەرنى ئويلىدى. ئىككىسى شۇ ھالەتتە كېتىۋاتقاندا، لوقمان ھەكىمنىڭ ئوغلى ئۇشتۇمتۇت يول ئۈستىدىكى بىر سۆڭەككە دەسسەپ سالدى ۋە سۆڭەك ئۇنىڭ تاپىنىدىن كىرىپ ئۈستىدىن چىقىپ قالدى، لوقماننىڭ ئوغلى ئايلىنىپ يىقىلدى. لوقمان ئوغلىغا قارىسا، ئوغلى يىقىلىپ قالغانىدى. لوقمان ھەكىم ئۇنىڭ يېنىغا سەكرەپ بېرىپ، ئۇنى كۆكسىگە باستى. ئاندىن سۆڭەكنى چىشى بىلەن تارتىپ چىقىرىۋەتتى ۋە بېشىدىكى سەللىسىنى ئېلىپ يىرتىپ، ئۇنىڭ پۇتىنى تېڭىپ، ئوغلىنىڭ يۈزىگە قاراپ، كۆزىدىن ياشلار ئاقتى. شۇ ئەسنادا بىر تامچە ياش بالىنىڭ مەڭزىگە چۈشۈپ كەتكەنىدى، بالا دەرھال ھوشىغا كەلدى. بالا يىغلاۋاتقان دادىسىغا قاراپ:

— ئى ئاتا! سەن ھەرقانداق مۇسىبەتنىڭ ماڭا ياخشى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدىڭغۇ؟ بۇ ئىش ماڭا ياخشى تۇرسىمۇ يەنە يىغلامسەن؟ تاماق ۋە سۇ تۈگىدى، مەن ۋە سەن بۇ ئورۇندا قالدۇق، — دېگەنىدى، لوقمان ھەكىم ئوغلىغا:

— ئوغلۇم! مېنىڭ يىغلىشىمنىڭ سەۋەبى شۇكى، مەن ساڭا دۇنيادىكى بارلىق نېسىۋەمنى فىدىيە قىلىشنى ئارزۇ قىلدىم. چۈنكى، مەن بىر ئاتا، مەندە ئاتىنىڭ مېھرىبانلىقى بار. سېنىڭ: ‹بۇ ئىش ماڭا قانداقمۇ ياخشى بولسۇن؟› دېگەن سۆزۈڭ، سەندىن كۆتۈرۈۋېتىلگەن مۇسىبەت سەن سىنالغان بۇ مۇسىبەتتىن چوڭ، سەن سىنالغان بۇ مۇسىبەت سەندىن كۆتۈرۈۋېتىلگەن مۇسىبەتتىن يەڭگىل بولۇشى مۇمكىن، — دېدى.

لوقمان ھەكىم ئوغلىغا بۇلارنى دېگەچ ئالدىغا قارىۋىدى، بايىقى تۈتۈن ۋە قارىلىقنى كۆرمىدى ۋە كۆڭلىدە: ‹ھېچنەرسە كۆرمىگەن ئوخشايمەن› دېدى. ئاندىن: ‹مەن ھەقىقەتەن كۆرگەن ئىدىم. لېكىن، رەببىم مەن كۆرگەن نەرسىگە بىرەر ئىشنى ئورۇنلاشتۇرغاندۇ› دېدى. ئۇ بۇلارنى ئويلاۋېتىپ شۇنداق قارىۋىدى، بىر كىشىنى كۆردى. ئۇ كىشى ئالىچىپار ئات ئۈستىگە مىنگەن ۋە ئاق كىيىم كىيگەن بولۇپ، ناھايىتى تېز كېلىۋاتاتتى. لوقمان ھەكىم ئۇنىڭدىن كۆزىنى ئۈزمەي قاراپ تۇردى. ھەتتا ئۇ كىشى لوقمان ھەكىمگە يېقىن كەلگەندە، ئۇنىڭ كۆزىدىن غايىب بولدى ۋە لوقمانغا:

— سەن لوقمانمۇ؟ — دەپ توۋلىدى. لوقمان:

— ھەئە، — دېدى. ئۇ كىشى:

— بۇ ئەخمەق ئوغلۇڭ ساڭا نېمە دېدى؟ —دېدى. لوقمان:

— ئى ئاللاھ تائالانىڭ بەندىسى! سەن كىمسەن؟ ئاۋازىڭنى ئاڭلايمەنۇ، ئەمما يۈزۈڭنى كۆرەلمەيمەنغۇ! — دېدى. ئۇ كىشى:

— مەن جىبرىلمەن، مېنى پەقەت مۇقەررەب پەرىشتە ۋە پەيغەمبەرلا كۆرەلەيدۇ. بولمىسا، سەن ئەلبەتتە مېنى كۆرەلەيتتىڭ، — دېدى ۋە بۇ ئەخمەق ئوغلۇڭ ساڭا نېمە دېدى؟ — دېدى. لوقمان ھەكىم:

— نېمە دېگەنلىكىنى بىلمىدىڭمۇ؟ — دېدى. جىبرىل:

— مېنىڭ سىلەرنىڭ ئىشىڭلار ھەققىدە ھېچ ئىلىمىم يوق. لېكىن، رەببىم مېنى بۇ شەھەرنى، ئۇنىڭدىكى كىشىلەرنى ۋە ئۇنىڭغا يېقىن ئەتراپتىكى كىشىلەرنى يەرگە يۇتقۇزۇۋېتىشكە ئەمىر قىلغان ئىدى، سىلەرنى ساقلايدىغان پەرىشتىلەر يېنىمغا كېلىپ ئىككىڭلارنىڭ بۇ شەھەرگە كىرمەكچى بولۇۋاتقىنىڭلارنى ماڭا خەۋەر قىلدى. شۇنىڭ بىلەن مەن رەببىمگە ئىككىڭلارنى ئۆزى خاھلىغان ۋاقىتقىچە توختىتىپ تۇرۇشىغا دۇئا قىلغانىدىم، رەببىم سېنىڭ ئوغلۇڭنى سىنىغان ئۇ مۇسىبەت بىلەن ئىككىڭلارنى توسۇپ تۇردى، ئەگەر شۇنداق بولمىغان بولسا، يەرگە يۇتقۇزۇلغان كىشىلەر بىلەن بىللە ئىككىڭلارمۇ يەرگە يۇتقۇزۇلغان بولاتتىڭلار، — دېدى. ئاندىن جىبرىل ئەلەيھىسسالام قولى بىلەن بالىنىڭ تاپىنىنى سىلاپ قويۇۋىدى، ئوغۇلنىڭ پۇتى ساقىيىپ ئۆرە تۇرالىدى، ئوزۇق – تۈلۈك خالتىسىنىمۇ سىلاپ قويۇۋىدى، ئۇ خالتا يېمەكلىككە توشتى ۋە سۇداننىمۇ سىلاپ قويۇۋىدى، تۇلۇم سۇغا تولدى. ئاندىن ئىككىسىنى ئېشەكلىرىگە مىندۈرۈپ ئۇچار قۇش ئۇچقاندەك ئېلىپ مېڭىپ، ئۇلارنى چىقىپ كەتكىلى نەچچە كېچە – كۈندۈز بولغان قورۇسىغا ئەكىلىپ قويدى(17).

ئىككىنچى يول: ئاخىرەتتە ساقلاپ قويۇلىدىغان ساۋاب بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاغرىققا رازى بولۇش.

بىر كېسەلنىڭ شىپا تېپىشىنى ئۈمىد قىلىپ قان ئېلىش، لوڭقا قويۇپ داۋالاش ۋە دورىلارنى ئىچىشكە رازى بولۇش ھەققىدە ئىلگىرى سۆزلەندى.

ئۈچىنچى يول: مۇسىبەتتىن كېلىدىغان ساۋاب تۈپەيلىدىن ئەمەس، مۇسىبەتنىڭ ياخشى كۆرۈلگۈچىنىڭ مەقسىتى بولغانلىقى ئۈچۈن مۇسىبەتكە رازى بولۇش. شۇ ئارقىلىق مۇسىبەت يەتكەن كىشىنىڭ نەزەرىدە ئەڭ لەززەتلىك نەرسە ئۆزى ھالاك بولغان تەقدىردىمۇ ياخشى كۆرۈلگەن كىشىسىنىڭ مەمنۇن بولۇشى بولىدۇ. بىر كىشى: «سىلەرلا مەمنۇن بولساڭلار، يارامنىڭ كارايىتى چاغلىق» دېگەن.

ئىنسان پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ياخشى كۆرگەندە، ئاغرىقنى ھېس قىلمايدىغانلىقى ئىلگىرى سۆزلەندى. بۇنى ئۆزىدە ھېس قىلالمىغان ئادەملەرنىڭ ئۇنى ئىنكار قىلىشى ناتوغرىدۇر. چۈنكى، ئۇ كىشى ياخشى كۆرۈش سەۋەبىنى، يەنى ھەددىدىن زىيادە ياخشى كۆرۈشنى يوقاتقانلىقى ئۈچۈن، ئۇ تۇيغۇنى يوقىتىپ قويغان بولىدۇ. ياخشى كۆرۈش تەمىنى تېتىمىغان كىشى ياخشى كۆرۈشنىڭ ئاجايىباتلىرىنى بىلەلمەيدۇ. پېقىر ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى! ئاڭلاش قۇۋۋىتىنى يوقاتقان كىشى ئاھاڭلارنىڭ ۋە كۈيلەرنىڭ لەززىتىنى ئىنكار قىلىدۇ. قەلبى ئۆلگەن كىشى قەلبتىن باشقا مەۋجۇدلۇق ئورنى يوق بولغان بۇ لەززەتلەرنى ئەلبەتتە ئىنكار قىلىدۇ.

پەسىل
دۇئا قىلىشنىڭ رازى بولۇشقا زىت كەلمەيدىغانلىقى توغرىسىدا

 

شۇنى بىلگىنكى، دۇئا قىلىش رازى بولۇشقا زىت كەلمەيدۇ. شۇنىڭدەك گۇناھ – مەئسىيەتلەرنى يامان كۆرۈش، گۇناھ – مەئسىيەت ئەھلىنى ۋە سەۋەبلىرىنى يامان كۆرۈش ۋە ئۇنى يوقىتىشقا تىرىشچانلىق قىلىش رازى بولۇشقا زىت كەلمەيدۇ.

دۇئا قىلىشقا كەلسەك، بىز ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىش بىلەن ئىبادەت قىلىمىز. ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ بەزى بەندىلىرىنى: ﴿ئۇلار ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرايتتى، (رەھمىتىمىزنى) ئۈمىد قىلىپ، (ئازابىمىزدىن) قورقۇپ بىزگە دۇئا قىلاتتى، بىزگە كەمتەرلىك بىلەن ئىبادەت قىلاتتى﴾(21/«ئەنبىياﺋ»: 90) دېگەن سۆزى بىلەن ماختىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋە ئۇنىڭدىن باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋە سالىھلەرنىڭ قىلغان دۇئالىرى مەشھۇردۇر.

گۇناھ – مەئسىيەتلەرنى ئىنكار قىلىش ۋە ئۇنىڭغا رازى بولماسلىققا كەلسەك، بىز ئاللاھ تائالاغا شۇنداق قىلىش بىلەن ئىبادەت قىلىمىز. گۇناھ – مەئسىيەتكە رازى بولغۇچىنى ئەيىبلەش بىلەن، شۇنىڭدەك كافىرلارنى، گۇناھكارلارنى دۈشمەن تۇتۇش ۋە ئۇلارغا ئىنكار قىلىش بىلەن ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىمىز. بۇ ھەقتە كەلگەن ئايەت ۋە ھەدىسلەر ناھايىتى كۆپتۇر.

سوئال: «قازايىقەدەرگە رازى بولۇش ھەققىدە سۆزلەندى. دېمەك، گۇناھ – مەئسىيەتلەرنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ قازاسىسىز بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، ئەگەر گۇناھ – مەئسىيەتلەر قازايىقەدەر بىلەن بولىدىغان بولسا، ئۇنى يامان كۆرۈش ئاللاھ تائالانىڭ قازاسىنى يامان كۆرگەنلىك بولىدۇ، ئۇنداقتا بۇ ئىككىسىنى قانداق بىرلەشتۈرۈش مۇمكىن؟»

جاۋاب: بىلگىنكى، بۇ ئىلىم سىرلىرىنى بىلىشتە كەم ئىدراك كىشىلەرگە مۈجمەل بولۇپ قالىدىغان ئىشلاردىن بىرىدۇر. ھەتتا بىر تۈركۈم كىشىلەرگە ھەقىقەت مۈجمەل بولۇپ قېلىپ، ئۇلار گۇناھ – مەئسىيەتنى ئىنكار قىلىشتىن سۈكۈت قىلىشنى رازى بولۇش ماقاملىرىدىن بىر ماقام دەپ قارىدى ۋە ئۇنى (سۈكۈت قىلىشنى) گۈزەل ئەخلاق دەپ ئاتاشتى. بۇ بولسا ئېنىق نادانلىقتۇر. بەلكى بىز دەيمىزكى: «رازى بولۇش ۋە يامان كۆرۈش» بىرنەرسىدە، بىر تەرەپتىن، ئوخشاش يول ئۈستىدە كەلسە بىر – بىرىگە زىتتۇر.

بىرنەرسىگە بىر تەرەپتىن رازى بولۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنى يامان كۆرۈش، بىر – بىرىگە زىت ئەمەس. مەسىلەن، ھەم سېنىڭ دۈشمىنىڭ، ھەم سېنىڭ باشقا بەزى دۈشمەنلىرىڭنىڭمۇ پېيىدە بولۇپ ئۇلار بىلەن دۈشمەنلىشىدىغان بىر دۈشمەن ئۆلۈپ كەتسە، سەن دۈشمىنىڭنىڭ دۈشمىنى ئۆلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۆلۈمىگە قايغۇرىسەن. ئەمما، ئۇنىڭ سېنىڭ دۈشمىنىڭ بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ ئۆلۈمىدىن سۆيۈنىسەن. شۇنىڭغا ئوخشاش گۇناھ – مەئسىيەتنىڭمۇ ئىككى تەرىپى بولىدۇ:

بىرى، گۇناھ – مەئسىيەتنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ئىرادىسى ۋە تاللىشىدىن بولغان تەرەپ. مۇتلەق پادىشاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا تەسلىم بولغۇچى بۇ تەرەپكە رازى بولىدۇ.

يەنە بىر تەرەپ، كىشى ئۇ گۇناھ – مەئسىيەتنىڭ ئىنساننىڭ ئۆز قىلمىشى ئىكەنلىكى، ئۇ ئىنساننىڭ ئاللاھ تائالا نەزەرىدە يامان كۆرۈلگەنلىكىگە، ئۆچ كۆرۈلگەنلىكىگە ئالامەت ۋە سۈپەت بولغانلىقى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنىڭغا ئۆزىدىن يىراقلىشىش ۋە يامان كۆرۈلۈش سەۋەبلىرىنى ھۆكۈمران قىلغانلىقى تەرەپتىن ئۇنى ئىنكار قىلىدۇ ۋە ئەيىبلەيدۇ.

بۇ سۆزلەر بۇ مىسال بىلەن ئايدىڭلىشىدۇ:

كىشىلەر ياخشى كۆرىدىغان بىر كىشىنى پەرەز قىلايلى! ئۇ كىشى ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەر ئالدىدا: «مەن كىشىلەر ئىچىدىن مېنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەر بىلەن مېنى يامان كۆرىدىغان كىشىلەرنى ئايرىماقچىمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، راستگۇي بىر ئۆلچەم قويىمەن. يەنى، مەن پالانى كىشىنى قەستەن قاتتىق ئۇرىمەن، ئۇرۇشۇم ئۇنى مېنى تىللاشقا مەجبۇر قىلىدۇ. ئۇ مېنى تىللىغاندا، ئۇنى يامان كۆرىمەن ۋە ئۇنى دۈشمەن تۇتىمەن. شۇنداقلا، كىم ئۇنى ياخشى كۆرسە، ئۇنىڭ مېنىڭ دۈشمىنىم، كىم ئۇنى يامان كۆرسە، ئۇ مېنىڭ دوستۇم ۋە مېنى سۆيىدىغان كىشى ئىكەنلىكىنى بىلىمەن» دەيدۇ. ئاندىن ئەينەن شۇنداق قىلىدۇ. نەتىجىدە مەقسەت ھاسىل بولۇپ ئۇرۇلغۇچى تىللايدۇ ۋە تەنقىد قىلغۇچىلار دۈشمەن قاتارىغا ئۆتىدۇ. راست ياخشى كۆرگۈچىلەر بولسا ئۇنىڭغا: ‹سېنىڭ بۇ شەخسنى ئۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئەزىيەت بېرىشىڭنى ياقتۇردۇم. چۈنكى، ئۇ سېنىڭ كۆز – قارىشىڭ، سېنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشۇڭ ۋە سېنىڭ ئىشىڭ، ئۇنىڭ سېنى تىللىشى بولسا ساڭا ھۇجۇم ۋە يامانلىق قىلغانلىقتۇر، مەن سېنى تىللىغان كىشىنى يامان كۆرىمەن، ئۇ ئەسلىدە سېنى تىللىماسلىقى ۋە سەبر قىلىشى كېرەك ئىدى› دەيدۇ. دېمەك، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ شەھۋەت ۋە گۇناھ – مەئسىيەت سەۋەبلىرىنى بەندىگە ھۆكۈمران قىلىشى ۋە ئىنساننىڭ ئۆزىگە ئاسىيلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى يامان كۆرۈشى شۇنىڭغا ئوخشاشتۇر.

شۇڭا، ئاللاھنى ياخشى كۆرگەن ھەربىر بەندىنىڭ ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە ئۆچ كۆرگەن كىشىنى ئۆچ كۆرۈشى ۋە ئاللاھ تائالا دۈشمەن تۇتقان ۋە ھۇزۇرىدىن يىراق قىلغان كىشىنى — گەرچە ئاللاھ تائالا قۇدرىتى ۋە بېسىمى بىلەن ئۇنى ئۆزىگە دۈشمەنلىشىش ۋە قارشىلىشىشقا مەجبۇر قىلسىمۇ — دۈشمەن تۇتۇشى ۋاجىبتۇر. چۈنكى، ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىدىن يىراق ۋە قوغلاندىدۇر. جىمى سۆيگۈچىلەر سۆيگەن زاتنىڭ مۇرادىغا مۇۋاپىق ئىش تۇتۇپ، ئۇ يېقىنلىق مەرتىۋىلىرىدىن يىراقلاشتۇرغان ۋە غەزەپ قىلغانلارغا غەزەپ ئىزھار قىلىش بىلەن ئۇلارنى ئۆچ كۆرۈشى كېرەكتۇر.

بۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا ئۈچۈن يامان كۆرۈش ۋەيا ياخشى كۆرۈش، كافىرلارغا قاتتىق، قوپال بولۇش ۋە ئاللاھ تائالادىن كەلگەنلىكى ئۈچۈنلا قازايىقەدەرگە رازى بولۇپ، ئۇلارنى چىن دىلىدىن يامان كۆرۈش ھەققىدە كەلگەن بارلىق ھەدىسلەر مۇئەييەنلىشىدۇ.

بۇنىڭ ھەممىسى يوشۇرۇن تەقدىرنىڭ سىرى بىلەن قولغا كەلتۈرۈلىدۇ. ئۇ سىر بولسا ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ ھەرئىككىسىنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ئىرادە ۋە خاھىشىغا كىرىدىغانلىقى، لېكىن يامانلىقنىڭ ئۆچ كۆرۈلىدىغان مەقسەت ۋە ياخشىلىقنىڭ مەمنۇن بولۇنىدىغان مەقسەت ئىكەنلىكىدۇر.

شەرىئەت ئەدەبلىرى بىلەن قوراللىنىش، سۈكۈت قىلىش ۋە قازايىقەدەرگە رازى بولۇش بىلەن گۇناھ – مەئسىيەتلەرنى يامان كۆرۈش قاتارلىقلارنى جەم قىلىشتىن ئىبارەت كىشىلەر قىلىدىغان ئىبادەت بىلەن تۇرۇش ئەۋزەلدۇر. ئاللاھ تائالا ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.

بۇ بۆلۈمنىڭ ئاخىرىدا ياخشى كۆرۈشكە مۇناسىۋەتلىك مەنپەئەتلىك سۆزلەر

ياخشى كۆرۈشكە مۇناسىۋەتلىك بىرنەچچە رىۋايەت

1. دەرلەركى: ئاللاھ تائالا داۋۇد ئەلەيھىسسالامغا مۇنداق دەپ ۋەھيى قىلغان ئىدى: ئەگەر مەندىن يۈز ئۆرۈگەنلەر مېنىڭ ئۇلارنى قانداق كۈتىدىغىنىمنى، ئۇلارغا قانداق مېھرىبانلىقىمنى، مېنىڭ ئۇلارنىڭ گۇناھ – مەئسىيەتلەرنى تەرك ئېتىشىگە قانداق تەشنا ئىكەنلىكىمنى بىلسە ئىدى، ئۇلار ماڭا تەشنا بولۇپ ئۆلۈپ قالغان بولاتتى، مېنى ياخشى كۆرگەنلىكتىن ئۇلارنىڭ بوغۇملىرى پارچە – پارچە بولۇپ كېتەتتى.

ئى داۋۇد! مانا بۇ زاتىمنىڭ مەندىن يۈز ئۆرۈگۈچىلەر بارىدىكى ئىرادەمدۇر. ماڭا يۈزلەنگۈچىلەر بارىدا مېنىڭ ئىرادەم قانداق بولار؟! ئى داۋۇد! بەندە مەندىن ئۆزىنى بىھاجەت سانىسا، ماڭا ئەڭ موھتاج بولۇر، بەندە مەن تەرەپكە قايتسا، مېنىڭ نەزەرىمدە ئەڭ ھۆرمەتلىك بولۇر.

2. بىر ئىبادەتگۇي ئايال: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى! مەن ھاياتتىن زېرىكتىم، ئەگەر ئۆلۈم سېتىلىدىغان بولسا ئىدى، ئاللاھ تائالاغا بولغان تەشنالىقىم ۋە ئۇ زاتنىڭ دىدارىغا بولغان مۇشتاقلىقىم بىلەن ئۆلۈمنى سېتىۋالاتتىم» دەيتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايالغا:

— سەن قىلغان ئەمىلىڭگە ئىشەنچ قىلامسەن؟ — دەپ سورىدىلەر، ئۇ ئايال:

— ياق، لېكىن مەن ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرىمەن ۋە ئۇنىڭدىن ياخشىلىق كۈتىمەن. مەن ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرىدىغان تۇرسام، سەنچە ئاللاھ تائالا مېنى ئازابلارمۇ؟ — دېدى.

بىلگىنكى، ئىمان نۇرى ۋە قۇرئان زىيالىرى بىلەن قەلبى نۇرلانغان كىشىلەرگە بەخت – سائادەتكە ئېرىشىشنىڭ پەقەت ئىلىم ۋە ئىبادەت بىلەنلا مۇمكىن بولىدىغانلىقى ئايدىڭدۇر.

ئالىملاردىن باشقا كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ھالاك بولغۇچىدۇر. ئالىملار ئىچىدە ئەمەل قىلغۇچى ئالىملاردىن باشقا ئالىملار ھالاك بولغۇچىدۇر. ئەمەل قىلىشتىمۇ ئىخلاس قىلغۇچىلاردىن باشقا ئەمەل قىلغۇچىلار ھالاك بولغۇچىدۇر، شۇ ئىخلاس قىلغۇچىلارمۇ ھەم چوڭ خەتەر ئۈستىدىدۇر.

نىيەت قىلماستىن قىلىنغان ئەمەل بىھۇدە جاپادۇر. ئىخلاس بولمىغان نىيەت رىيادۇر. ئەمەلىي كۆرسىتىلمىگەن ئىخلاس چاڭ – توزانغا ئوخشاشتۇر. ئاللاھ تائالا ئېيتۇر: ﴿بىز ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنى بىرتەرەپ قىلىپ، ئۇنى ئۇچۇپ يۈرگەن توزاندەك قىلىۋېتىمىز، (يەنى ئۇلار ئىمانسىز بولغانلىقتىن، قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنى يوققا چىقىرىمىز)﴾(25/«فۇرقان»: 23).

كاشكى مەن ھېس قىلسامچۇ! نىيەتنىڭ ھەقىقىتىنى بىلمىگەن كىشىنىڭ نىيىتى قانداقمۇ دۇرۇس بولسۇن؟! ياكى ئىخلاس ھەقىقىتىنى بىلمىگەن كىشى قانداق نىيىتىنى توغرىلاپ ئىخلاس قىلالىسۇن؟!

ئىخلاس مەنىسى ئەمەلىيەتكە چىقمىسا، ئىخلاس قىلغۇچى كىشى ئۆزىنىڭ نەپسىدىن راستچىللىقنى قانداق تەلەپ قىلار؟!

ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىشنى ئىرادە قىلغان ھەرقانداق بەندىنىڭ تۇنجى ۋەزىپىسى تونۇش ھاسىل بولۇشى ئۈچۈن ئاۋۋال نىيەتنى بىلىشى كېرەك. بەندىنىڭ نىجات تېپىشىغا ۋاسىتە بولىدىغان ئىخلاس ۋە راستچىللىقنىڭ ھەقىقىتىنى چۈشەنگەندىن كېيىن، ئەمىلىنى توغرىلىشى كېرەك.

 

ئىمام ئىبنى قۇدامە ئەلمەقدىسىينىڭ: «مۇختەسەرۇ مىنھاجۇل قاسىدىن» كىتابىدىن.

تەرجىـــمە قىلـــــغۇچى: ئابدۇللاھ ئابدۇلمەجىد

—————————————————————
1. ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك: «ئەززۇھد»، (127)؛ دەيلەمىي: «ئەلفىردەۋس بىمەئسۇرىل خىتاب (946). ئەبۇلئەلاﺋ يەزىد ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى شىخخىردىن مۇرسەلدۇر.
2. ئىبنى ئەبىددۇنيا: «ئەررىزا ئەنىللاھى بىقازائىھى»، (9). سەنەدى زەئىف.
3. ئىبنى ئەبىددۇنيا: يۇقىرىقى مەنبە، (15).
4. ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك: «ئەززۇھد»، (124)؛ ئىبنى ئەبىددۇنيا: يۇقىرىقى مەنبە،  (47).
5. ئىبنى ئەبىددۇنيا: «ئەررىزا ئەنىللاھى بىقازائىھى»، (91)؛ ئەبۇ نۇئەيم: «ھىليەتۇل ئەۋلىياﺋ»، 4/121. سەنەدى زەئىف.
6. بۇخارىي («تەفسىر بۆلۈمى»، (4907 – ھەدىستىن كېيىن) مۇئەللەق رىۋايەت قىلغان؛ ئىبنى ئەبىددۇنيا: «ئەررىزا ئەنىللاھى بىقازائىھى»، (47)؛ بەيھەقىي: «شۇئەبۇلئىمان»، (9503).
7. 16/«نەھل»: 97 – ئايەتنىڭ تامامى: ﴿ئەر ـ ئايال مۇئمىنلەردىن كىمكى ياخشى ئەمەل قىلىدىكەن، بىز ئۇنى ئەلبەتتە (دۇنيادا قانائەتچانلىق، ھالال رىزىق ۋە ياخشى ئەمەللەرگە مۇۋەپپەق قىلىپ) ئوبدان ياشىتىمىز﴾.
8. ئىبنى ئەبىددۇنيا: «ئەررىزا ئەنىللاھى بىقازائىھى»، (42).
9. بۇ رىۋايەت «ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن»دا سەنەدسىز كەلتۈرۈلگەن.
10. ئىبنى ئەبىددۇنيا: «ئەررىزا ئەنىللاھى بىقازائىھى»، (38)؛ ئەبۇ نۇئەيم: «ھىليەتۇل ئەۋلىياﺋ»، 4/46. سەنەدى زەئىف.
11. ئىبنى ئەبىددۇنيا: يۇقىرىقى مەنبە، (70)؛ ئەبۇ نۇئەيم: يۇقىرىقى مەنبە، 4/55. سەنەدى زەئىف.
12. بۇ رىۋايەت «ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن»دا سەنەدسىز كەلتۈرۈلگەن.
13. ئىبنى ئەبىددۇنيا: يۇقىرىقى مەنبە، (95).
14. ئىبنى ئەبىددۇنيا: يۇقىرىقى مەنبە، (13)؛ ئەبۇ نۇئەيم: يۇقىرىقى مەنبە، 6/156.
15. بۇ زاھىدلاردىن مۇھەممەد ئىبنى خالىد ئەبۇ ئابدۇللاھ ئەلبەراسىينىڭ سۆزىدۇر. ئىبنى ئەبىددۇنيا: يۇقىرىقى مەنبە، (24).
16. ئەھمەد (12929). ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى. شۇئەيب ئەلئەرنائۇت، ئالبانىي («سەھىھۇلجاﻣﯩﺌ»، 3985) لار «سەھىھ» دېگەن.
17. ئىبنى ئەبىددۇنيا: «ئەررىزا ئەنىللاھى بىقازائىھى»، (29).

Please follow and like us: