ئاللاھقا ئىنتىزار بولۇشنىڭ مەنىسى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ بەندىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى

ئاللاھقا ئىنتىزار بولۇشنىڭ مەنىسى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ بەندىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى

ياخشى كۆرۈش، ياخشى كۆرۈشنى دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلاش ھەققىدىكى بايانلار ۋە ئىنتىزار بولۇشنىڭ ياخشى كۆرۈشنىڭ مېۋىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۆزلەندى. چۈنكى، بىرنەرسىنى ياخشى كۆرگەن كىشى ئۇنىڭغا ئىنتىزار بولىدۇ.

بىر تەرەپتىن بىلىنگەن ۋە يەنە بىر تەرەپتىن بىلىنمىگەن نەرسە قىزىقىشنى قوزغايدىغانلىقىنى بىلگىن.

ئەسلا بىلىنمىگەن نەرسىگە بولسا زىنھار قىزىقىش بولمايدۇ. كۆرگەندىلا مۇكەممەل بىلىش ھاسىل بولىدۇ. ئاللاھ تائالانى كۆرۈش ئاخىرەتتە مۇئمىنلەرگە مۇمكىن بولىدۇ.

شۇنى بىلگىنكى، ئىلاھىي ئىشلارنىڭ چېكى يوقتۇر. ھەر بەندىگە مەلۇم ئىلاھىي ئىشلار بىلدۈرۈلىدۇ. چەكسىز ئىشلار يەنە شۇ پېتى قېلىپ قالىدۇ. ئاللاھ تائالانى ھەقىقىي تونۇغۇچى بارلىق ئىشلارنىڭ ئاللاھ تائالاغا مەلۇم ئىكەنلىكىنى ۋە ئۆزى ئۇنتۇغان نەرسىلەرنىڭ ئۆزى بىلىدىغان نەرسىلەردىن كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. شۇ بائىس، بەندە ئىلىم – مەرىپەت ئاساسىغا ئېرىشىشكە ئىشتىياق باغلايدۇ. تۇنجى تەشنا بولۇش «ئۇچرىشىش ۋە كۆز بىلەن كۆرۈش» دەپ ئاتىلىدىغان مەنە بىلەن ئاخىرەتتە ئاخىرلىشىدۇ. تەشنا قەلبنىڭ دۇنيادا تەشنالىققا قېنىشى مۇمكىن ئەمەستۇر.

ئىبراھىم ئىبنى ئەدھەم رەھىمەھۇللاھ ئاللاھ تائالاغا تەشنا بولغۇچىلاردىن بىرى ئىدى. ئۇ بىر كۈنى: «ئى پەرۋەردىگارىم! ئەگەر سېنى ياخشى كۆرگۈچى بىرەر كىشىگە سېنىڭ ھۇزۇرۇڭغا چىقىشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭ قەلبى تەسكىن تاپىدىغان بىرنەرسە بەرگەن بولساڭ، ئۇنى ماڭىمۇ بەرگىن، بۇ ئىنتىزارلىق مېنى يەپ تۈگەتتى» دېگەنىكەن.

ئۇ ئېيتىدۇ: «مەن چۈشۈمدە ئاللاھ ئەززە ۋەجەللەنى كۆردۈم(1)، ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە ماڭا:

— ئى ئىبراھىم! مەندىن ھايا قىلمىدىڭمۇ؟ سەن مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا چىقىشتىن بۇرۇن قەلبىڭ تەسكىن تاپىدىغان نەرسە بېرىشمىنى سورىدىڭ، ئىنتىزار بولغۇچىنىڭ قەلبى ئۆزى ياخشى كۆرگەن زاتنىڭ ۋەسلىگە يېتىشتىن ئالدىن تەسكىن تاپامدۇ؟ — دېگەنىدى، مەن:

— ئى پەرۋەردىگارىم! مەن سېنىڭ مۇھەببىتىڭدە تۈگەشتىم، شۇنىڭ ئۈچۈن نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەيۋاتىمەن، — دېدىم».

بۇ تەشنالىق ئاخىرەتتە بېسىقىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئاللاھ تائالاغا مەلۇم ئىشلارغا كەلسەك، ئۇنىڭ چېكى يوقتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ ئىشلار بەندىگە ئوچۇق بولمايدۇ ۋە بەندە ئۇ ئىشلارنى تولۇق بىلمەيدۇ. شۇڭا، ئىنسان ئۆزىگە ئاشكارا بولغان لەززەت بىلەن مەشغۇلدۇر. زىيادە نېئمەت ۋە لەززەت ئىنساننى ئۇنىڭ كەينىدىكى نەرسىلەرگە تەشنالىق ھېس قىلىشتىن مەشغۇل قىلىدۇ.

بۇ قەدەر نۇرلار تەشنالىق ھەقىقەتلىرى ۋە ئۇنىڭ مەنىلىرىنى ئېچىپ تاشلايدۇ.

تەشنا بولۇشنىڭ ھەدىسلەردىكى دەلىللىرىدىن، رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر كىشىگە دۇئا ئۆگەتتى ۋە ئۇنىڭغا مەزكۇر دۇئانى ھەر كۈنى ئائىلىسى بىلەن بىرگە داۋاملىق ئوقۇشقا بۇيرۇدى. رەسۇلۇللاھ ئۇ دۇئادا: «ئى ئاللاھ! سەندىن قازاغا رىزا بەندىچىلىك، ئۆلۈمدىن كېيىن راھەتلىك، جامالىڭغا قاراش لەززىتى ۋە سېنىڭ ھۇزۇرۇڭغا تەشنا بولۇشنى سورايمەن»(2).

تەۋراتتا كېلىشىچە: ئاللاھ تائالا: «ياخشىلار ئۇزۇندىن بېرى مەن بىلەن ئۇچرىشىشقا تەشنا بولدى، مەن ئۇلار بىلەن ئۇچرىشىشقا تېخىمۇ تەشنامەن» دەيدۇ.

ئاللاھ تائالا بىر بەندىگە: «مېنىڭ بەندىلىرىم ئىچىدە شۇنداق بەندىلىرىم باركى، ئۇلار مېنى ياخشى كۆرىدۇ، مەنمۇ ئۇلارنى ياخشى كۆرىمەن. ئۇلار ماڭا تەشنا بولىدۇ، مەنمۇ ئۇلارغا تەشنا بولىمەن. ئۇلار مېنى ياد ئېتىدۇ، مەنمۇ ئۇلارنى ياد ئېتىمەن. ئەگەر سەنمۇ ئۇلارغا ئوخشاش ماڭساڭ، مەن سېنى دوست تۇتىمەن. ئەگەر ئۇلاردىن يۈز ئۆرىسەڭ، سېنى يامان كۆرىمەن» دەپ ۋەھيى قىلدى. ئۇ بەندە:

— ئى پەرۋەردىگارىم! ئۇلارنىڭ ئالامىتى نېمە؟ — دەپ سورىغانىدى، ئاللاھ تائالا:

— ئۇلار كۆيۈمچان پادىچى قويلىرىغا رىئايە قىلغاندەك، كۈندۈزدە سايىغا (ناماز ۋاقتىغا) رىئايە قىلىدۇ. قۇشلار قۇياش پاتقاندا ئۇۋىلىرىنى سېغىنغاندەك، ئۇلار قۇياش پېتىشىنى كۈتىدۇ. كېچە كىرىپ، قاراڭغۇلۇق ئەتراپنى قاپلاپ، كۆرپىلەر يېيىلىپ، ھەركىم ئۆزى ياخشى كۆرگەن كىشىسى بىلەن يالغۇز قالغاندا، ئۇلار قەدلىرىنى رۇسلايدۇ، يۈزلىرىنى سەجدىگە قويىدۇ، مېنىڭ سۆزۈم بىلەن ماڭا پىچىرلايدۇ ۋە ئىنئامىمغا تەلپۈنۈپ ماڭا يېلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىسى نىدا قىلىدۇ، بەزىسى يىغلايدۇ. بەزىسى ئاھ ئۇرىدۇ ۋە بەزىسى شىكايەت قىلىدۇ. بەزىسى قىيامدا تۇرسا، بەزىسى ئولتۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ مېنى دەپ سەبر قىلغانلىقلىرىنى مەن كۆرۈپ تۇرىمەن، مېنى ياخشى كۆرگەنلىكتىن ماڭا دېگەن سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىمەن، — دېدى(3).

پەسىل: ئاللاھ تائالانىڭ بەندىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى، ئۇنىڭ مەنىسى ۋە بەندىنىڭ ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنىڭ ئالامەتلىرى توغرىسىدا
ئاللاھ تائالانىڭ بەندىنى ياخشى كۆرۈشى قۇرئان كەرىمدىكى ئايەتلەر بىلەن قۇۋۋەتلەنگەندۇر.

ئاللاھ تائالا: ﴿ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋبە قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ. (ھارامدىن ۋە نىجاسەتتىن) پاك بولغۇچىلارنى ھەقىقەتەن دوست تۇتىدۇ﴾(2/«بەقەرە»: 222) دېگەن.

ئاللاھ تائالا يەنە: ﴿شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۆزىنىڭ يولىدا مۇستەھكەم بىنادەك سەپ بولۇپ جىھاد قىلغانلارنى (يەنى ئۇرۇش مەيدانىدا دۈشمەن بىلەن ئۇچراشقان چاغدا مەۋقەسىدە چىڭ تۇرۇپ غازات قىلغانلارنى) دوست تۇتىدۇ﴾(61/«ساف»: 4) دېگەن.

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئۆزى ياخشى كۆرگەن بەندىنى ئازابلىمايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. چۈنكى، ئاللاھ تائالا «بىز ئاللاھ تائالانىڭ دوستلىرى» دەپ دەۋا قىلغانلارغا بۇ سۆزى بىلەن رەددىيە بەردى:

﴿يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار: «بىز ئاللاھنىڭ ئوغۇللىرىدۇرمىز (يەنى ئاتا ـ بالىدەك يېقىنمىز) ۋە دوستلىرىدۇرمىز» دېدى. ئېيتقىنكى، «(ئۇنداق بولسا) ئاللاھ نېمە ئۈچۈن سىلەرگە گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن ئازاب قىلىدۇ؟» ئەمەلىيەتتە سىلەرمۇ باشقا كىشىلەرگە ئوخشاش ئاللاھ ياراتقان ئىنسانسىلەر. ئاللاھ خاھلىغان ئادەمگە مەغپىرەت قىلىدۇ؛ خاھلىغان ئادەمگە ئازاب قىلىدۇ. ئاسمانلارنىڭ، يەر يۈزىنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ ئىگىدارچىلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئەڭ ئاخىر بارىدىغان جاي ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر﴾(5/«مائىدە»: 18).

ئاللاھ تائالا ئۆزىنى ياخشى كۆرگۈچىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر ئاللاھنى دوست تۇتساڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلاركى، ئاللاھ سىلەرنى دوست تۇتىدۇ، (ئۆتكەنكى) گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر﴾(3/«ئال ئىمران»: 31).

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان بىر سەھىھ ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‹بەندەم ماڭا نەپلە ئىبادەت بىلەنمۇ مەن ئۇنى دوست تۇتقانغا قەدەر داۋاملىق يېقىنلىشىدۇ. قاچانكى مەن ئۇنى دوست تۇتسام، مەن ئۇنىڭ ئاڭلايدىغان قۇلىقى، كۆرىدىغان كۆزى، تۇتىدىغان قولى، ماڭىدىغان پۇتى بولىمەن. مەندىن نېمىنى سورىسا، شۇنى بېرىمەن. ماڭا سىغىنسا، ئۆز پاناھىمدا ساقلايمەن. مەن مۇئمىننىڭ جېنىنى ئېلىشتىن باشقا ھېچبىر ئىشتا تەرەددۇت قىلمايمەن. مۇئمىن بەندەم ئۆلۈمنى ياخشى كۆرمەيدۇ، مەن بولسام، ئۇنىڭ خاپىلىقلىرىنى ياخشى كۆرمەيمەن›»(4). بۇ مەشھۇر ھەدىستۇر.

ئاللاھ تائالانىڭ بەندىنى ياخشى كۆرۈش ئالامىتى بار بولۇپ، بۇ ھەقتە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاللاھ تائالا بىر بەندىنى ياخشى كۆرسە، ئۇنى مۇسىبەت بىلەن سىنايدۇ» دېگەن(5).

ئاللاھ تائالانىڭ بەندىنى ياخشى كۆرۈش ئالامەتلىرىنىڭ ئەڭ چوڭى بەندىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئۇنى بوۋاق ۋاقتىدىن باشلاپ ئەڭ گۈزەل شەكىلدە تەربىيەلىشى، ئۇنىڭ قەلبىگە ئىماننى پۈتۈشى، ئەقلىنى نۇرلاندۇرۇپ بېرىشى بولۇپ، بەندە شۇ ئارقىلىق ئۆزىنى ئاللاھ تائالاغا يېقىنلاشتۇرىدىغان ئىشلارغا ئەگىشىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن يىراقلاشتۇرىدىغان ھەرقانداق ئىشتىن نېرى تۇرىدۇ. ئاندىن ئاللاھ ئۇ بەندىنى مەخلۇقاتلارغا خار قىلماي، ئۇنىڭ ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىشى، ئۇنىڭ ئىچ – سىرتىنى دۇرۇست قىلىشى، پەقەت بىرلا نەرسىنىڭ غېمىنى يەيدىغان قىلىشىدۇر. سۆيگۈ ئاشقانسېرى ئاللاھ تائالا ئۇنى باشقىنى ئۇنتۇلدۇرۇپ، ئۆزى بىلەنلا مەشغۇل قىلىدۇ.

بەندىنىڭ ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈشىگە كەلسەك، بىلگىنىڭدەك، ھەممە ئادەم ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى دەۋا قىلىدۇ. دەۋا قىلىش نېمىدېگەن ئاسان، ھەقىقىي مەنادا ياخشى كۆرۈش نېمىدېگەن تەس – ھە! شۇڭا، ئىنسان شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشلىرىغا، ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان نەپسىگە ئۇنى سىنىماي، ئىسپات تەلەپ قىلماي تۇرۇپ ئالدانماسلىقى كېرەك. مەسىلەن، جەننەتتە ئاللاھ تائالا بىلەن ئۇچرىشىشىنى ياخشى كۆرۈش بەندىنىڭ ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈش ئالامەتلىرىدىن بىرىدۇر. چۈنكى، قەلب بىراۋنى ياخشى كۆرۈپ قالسا، ئۇنى كۆرۈشنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەمما، بۇ ياخشى كۆرۈش ئۆلۈمنى يامان كۆرۈشكە زىت كەلمەيدۇ. چۈنكى، مۇئمىن ئۆلۈمنى يامان كۆرىدۇ. ئاللاھقا ئۇچرىشىش ئۆلگەندىن كېيىن بولىدۇ.

سەلەف سالىهلەردىن بەزىلەر ئۆلۈمنى ياخشى كۆرەتتى ۋە بەزىلەر دېگەندەك ياخشى كۆرەلمىگەنلىكىدىن ياكى قەلبىگە دۇنيا مۇھەببتىمۇ ئارىلاشقانلىقىدىن ۋەياكى ئۆز گۇناھلىرىنى كۆپ كۆرۈپ، تەۋبە قىلىۋېلىشنى ياخشى كۆرگەنلىكىدىن ئۆلۈمنى يامان كۆرەتتى.

بەزى سەلەف سالىهلەر ئۆزىنى ئاللاھنى ياخشى كۆرۈشنىڭ دەسلەپتىكى باسقۇچىدا دەپ قاراپ، ئاللاھ تائالا بىلەن ئۇچرىشىشقا تەييارلىق قىلىۋېلىشتىن بۇرۇن ئۆلۈپ قېلىشىنى خاھلىمايتتى. بۇنداق كىشى بەئەينى مەشۇقىنىڭ كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان بىر ئاشىققا ئوخشايدۇ. ئاشىق مەشۇقى بىلەن دىدارلىشىشتىن بۇرۇن ئۆي – ماكانىنى، لازىمەتلىكلەرنى تەييارلىۋېلىش ۋە قەلبىنى تۈرلۈك مەشغۇلاتلاردىن پارىغ، يۈكى يەڭگىل، ئۆزى ياقتۇرغان تەرىقىدە ئۇچرىشىش ئۈچۈن مەشۇقىنىڭ كېچىكىپ كېلىشىنى ئىستەيدۇ.

دېمەك، بۇ ۋەجدىن ئۆلۈمنى يامان كۆرۈش مۇكەممەل ياخشى كۆرۈشكە زىت كەلمەيدۇ. بۇنداق ھالەتتە تۇرۇپ ئۆلۈمنى يامان كۆرگۈچى كىشىنىڭ ئالامىتى داۋاملىق ياخشى ئەمەل قىلىش ۋە ئۆلۈمگە تەييارلىق قىلىشقا پۈتۈن كۈچىنى چىقىرىشتۇر.

يەنە بەندىنىڭ ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرگەن يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ئەمەللەرنى ياخشى كۆرۈشى، شۇ ئارقىلىق ھاۋايى – ھەۋەسلىرىگە ئەگىشىشتىن يىراق تۇرۇشى، ھۇرۇنلۇقتىن يۈز ئۆرۈشى ۋە ھەمىشە نەپلە ئەمەللەرنى قىلىپ ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىشقا داۋاملىشىشى بەندىنىڭ ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈش ئالامەتلىرىدىندۇر.

ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرگەن كىشى ئاللاھ تائالا ئاسىيلىق قىلمايدۇ. لېكىن، ئاسىيلىق قىلىش ياخشى كۆرۈشكە زىت ئەمەستۇر. ئاسيىلىق پەقەت ياخشى كۆرۈشنىڭ مۇكەممەللىكىگە قارشى كېلىدۇ. نۇرغۇن ئىنسانلار ساغلام تۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ – يۇ، زىيان قىلىدىغان نەرسىلەرنى يەيدۇ. ئۇنىڭ سەۋەبى، بەزىدە ئىلىم ئاجىزلايدۇ ۋە شەھۋەت غالىب كېلىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، ئىنسان ھەقىقىي ياخشى كۆرۈشنى بەرپا قىلىشتىن ئاجىز كېلىدۇ. بۇنىڭغا نۇئەيمان رىۋايەت قىلغان ھەدىس دەلىلدۇر. نۇئەيمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا ئېلىپ كېلىنەتتى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى بەلگىلەنگەن بويىچە تاياق بىلەن جازالايتتى، ئۇ بىر كۈنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كەلتۈرۈلىۋىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى بەلگىلەنگەن بويىچە تاياق بىلەن جازالىدى. شۇندا نۇئەيمانغا بىر ئادەم لەنەت قىلدى ۋە:

— بۇ نېمانچە كۆپ ئۇرۇلىدىغاندۇ! — دېگەنىدى، رەسۇلۇللاھ:

— ئۇنىڭغا لەنەت قىلمىغىن، چۈنكى ئۇ ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنى ياخشى كۆرىدۇ، — دېدى(6).

دېمەك، نۇئەيمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى قىلغان گۇناھى ئاللاھ تائالانى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنى ياخشى كۆرۈش دائىرىسىدىن چىقىرىۋەتمىدى. شەكسىزكى، گۇناھ – مەئسىيەت ئىنساننى پەقەت مۇكەممەل ياخشى كۆرۈش دائىرىسىدىن چىقىرىۋىتىدۇ.

يەنە ئاللاھ تائالانى داۋاملىق زىكىر قىلىش، زىكىردىن ھېرىپ قالماسلىق ۋە زىكىردىن قەلبى خالىي قالماسلىقمۇ بەندىنىڭ ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈش ئالامەتلىرىدىن بىرىدۇر. چۈنكى، بىرنەرسىنى ياخشى كۆرگۈچى ئۇ نەرسىنى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەرنى كۆپ تىلغا ئالىدۇ.

دېمەك، ئاللاھ تائالانى داۋاملىق تىلغا ئېلىشنى ياخشى كۆرۈش، ئاللاھ تائالانىڭ كالامى بولغان قۇرئاننى ياخشى كۆرۈش ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ياخشى كۆرۈش قاتارلىقلارمۇ بەندىنىڭ ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرگەنلىكىنىڭ ئالامەتلىرىدىن بىرىدۇر.

ئاللاھ تائالا ئېيتۇر: ﴿(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر ئاللاھنى دوست تۇتساڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلاركى، ئاللاھمۇ سىلەرنى دوست تۇتىدۇ، (ئۆتكەنكى) گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر﴾(3/«ئال ئىمران»: 31).

سەلەف سالىهلەردىن بىرى ئېيتۇر: مەن مۇناجات قىلغاندا ھالاۋەت ھېس قىلاتتىم، داۋاملىق قۇرئان ئوقۇيتتىم، كېيىن ماڭا ھاردۇق يېتىپ قۇرئان ئوقۇشتىن ئۈزۈلۈپ قالدىم ۋە بىرسىنىڭ مۇنداق دەۋەتقانلىقىنى چۈشۈمدە كۆردۈم:

دەۋا قىلساڭ مېنى ياخشى كۆرۈشنى،

نېمىشقا تاشلاپ قويىسەن كىتابىمنى.

ئويلانساڭ بولمامدۇ ئۇنىڭ ئىچىدىكى،

لاتاپەتلىك كايىش – ئەيىبلەشلىرىمنى.

يەنە بەندىنىڭ خىلۋەتتە ماكان تۇتۇشى، ئاللاھ تائالاغا مۇناجات قىلىشى، قۇرئاننى تىلاۋەت قىلىشى، تەھەججۇد نامىزىنى داۋاملاشتۇرۇشى، توسالغۇلاردىن ئۆزىنى تارتىش بىلەن كېچىنىڭ تىنچلىقى ۋە كۈندۈزنىڭ ساپلىقىنى غەنىيمەت بىلىشىمۇ بەندىنىڭ ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈش ئالامەتلىرىدىن بىرىدۇر. چۈنكى، ياخشى كۆرۈش دەرىجىلىرىنىڭ ئەڭ تۆۋىنى مەشۇقى بىلەن خىلۋەتتە قېلىش ئارقىلىق لەززەتلىنىش ۋە ئۇنىڭ بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇپ ھۇزۇرلىنىشتۇر.

رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر ئابىد قۇيۇق بىر ئورمانلىقتا بىر مۇددەت ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلدى. ئاندىن بىر دەرەخكە ئۇۋا سېلىپ، سايراۋاتقان بىر قۇشقا قاراپ، كۆڭلىدە: «ئەگەر مەسجىدىمنى شۇ دەرەخكە يۆتكىسەم، بۇ قۇشنىڭ ئاۋازىدىن ھۇزۇر ئالغۇدەكمەن» دېگەننى خىيال قىلىپ، ئويلىغىنىدەك قىلدى. ئاندىن ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ پەيغەمبىرىگە مۇنداق ۋەھيى قىلدى: «پالانى ئابىدقا ئاللاھ تائالا ساڭا مۇنداق دەيدۇ دەپ قويغىن: ‹سەن مەخلۇق بىلەن ھۇزۇر ئالدىڭ، سېنى ھېچقانداق ئەمىلىڭ بىلەن يېتەلمەيدىغان دەرىجىدە ماقامىڭدىن چۈشۈرۈۋېتىمەن›».

بۇنداق بولغان ئىكەن، ياخشى كۆرۈشنىڭ ئالامىتى: ياخشى كۆرۈلگۈچى بىلەن مۇناجاتلىشىپ مۇكەممەل بەھر ئېلىش، خىلۋەتتە قېلىش بىلەن مۇكەممەل ھۇزۇرلىنىش ۋە خىلۋەتنى بۇزىدىغان ھەرقانداق نەرسىدىن مۇكەممەل خالىي بولۇشتۇر.

ياخشى كۆرۈش ۋە بەھر ئېلىش غالىب كەلگەندە، خىلۋەتتە قېلىش ۋە مۇناجات قىلىش بارلىق غەم – قايغۇلارنى دەﻓﺌ قىلىدىغان كۆزنىڭ خۇرسەنلىكىگە ئايلىنىدۇ. بەلكى ياخشى كۆرۈش ۋە بەھر ئېلىش قەلبنى غەرق قىلىدۇ. بۇ چاغدا ئۇ كىشى ئۆزىنى يوقىتىپ قويغان ئاشىققا ئوخشاش دۇنيا ئىشلىرىنى بىرنەچچە قېتىم ئاڭلىمىسا چۈشەنمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ.

يەنە ئاللاھ تائالانى زىكىر قىلالمىغانلىقىغا ئەپسۇسلىنىش، تائەت – ئىبادەتنى ئېغىر سانىماسلىق ۋە تائەت – ئىبادەت قىلىش ئارقىلىق چارچاپ كېتىپ ھۇزۇرلىنىشمۇ بەندىنىڭ ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈش ئالامەتلىرىدىن بىرىدۇر.

سابىت ئەلبۇنانىي رەھىمەھۇللاھ ئېيتۇر: «يىگىرمە يىل نامازنىڭ قاتتىقچىلىقىنى تارتىپ ناماز ئوقۇدۇم ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ناماز ئوقۇش بىلەن يىگىرمە يىل ھۇزۇرلاندىم».

جۇنەيد رەھىمەھۇللاھ ئېيتۇر: «ئىبادەتكە داۋاملىق تېتىك تۇرۇش، بەدىنىنى چارچىتىدىغان، ئەمما قەلبىنى چارچاتمايدىغان بىر قىزىقىش بىلەن ئىبادەت قىلىشقا داۋاملىشىش ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈش ئالامىتىدۇر».

كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممسىدە بۇنىڭ مىسالى بار.

چۈنكى، ياخشى كۆرگۈچى ئۆزىنىڭ ياخشى كۆرگەن ئادىمىنىڭ مەقسىتى ھەققىدە تىرىشىشنى ئېغىر ھېسابلىمايدۇ. ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىشنى، ئەگەر ئۇ خىزمەت بەدەنگە ئېغىر كەلسىمۇ، قەلبىدە لەززەت ھېسابلايدۇ. ھەرقانداق ياخشى كۆرۈش شۈبھىسىز ئىنساننى بويسۇندۇرغۇچىدۇر. قانداق كىشىگە ياخشى كۆرگەن كىشىسى ھۇرۇنلۇقتىن سۆيۈملۈكراق بولسا، ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىشتا ھۇرۇنلۇقنى تەرك ئېتىدۇ. ياخشى كۆرگەن كىشىسى ئۇنىڭغا مالدىن سۆيۈملۈكراق بولسا، ئۇنى ياخشى كۆرگەنلىكتىن مالنى تەرك ئېتىدۇ.

يەنە ئاللاھنىڭ بارلىق بەندىلىرىگە شەپقەت قىلىش، ئۇلارغا كۆيۈنۈش، ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىگە بولسا ئاللاھ تائالا: ﴿مۇئمىنلەر كۇففارلارغا قاتتىقتۇر، ئۆزئارا كۆيۈمچاندۇر﴾(48/«فەتىھ»: 29) دېگىنىدەك، كۇففارلارغا قاتتىق بولۇش، ئاللاھ يولىدا مالامەتچىنىڭ مالامىتىدىن قورقماسلىق، ئاللاھ ئۈچۈن غەزەپلىنىشتىن ئۇنى ھېچنەرسىنىڭ توسىيالماسلىقىمۇ بەندىنىڭ ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈش ئالامەتلىرىدىن بىرىدۇر.

بۇلار بولسا بەندىنىڭ ئاللاھنى سۆيۈش ئالامەتلىرىدۇر. قانداق كىشىدە بۇ ئالامەتلەر جەملەنگەن بولسا، ئۇنىڭ ئاللاھنى سۆيۈشى مۇكەممەللىككە يېقىن بولىدۇ ۋە ئاخىرەتتە ئىچىملىكى ساپ بولۇشى ئۈمىد قىلىنىدۇ. قايسىىبىر كىشىنىڭ سۆيگۈسىگە ئاللاھ تائالانىڭ غەيرىنى سۆيۈش ئارىلىشىپ قالسا، ئاخىرەتتە ئۆزىنىڭ سۆيگۈسى ھېسابىچە ھۇزۇرلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىملىكىگە ئاللاھ تائالاغا يېقىن بەندىلەرنىڭ ئىچىملىكىدىن ئازراق ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿ياخشىلار نېئمەت ئىچىدە (يەنى جەننەتتە) بولىدۇ. ئۇلار تەختلەر ئۈستىدە تۇرۇپ (ئاللاھنىڭ جەننەتتە ئۇلارغا بەرگەن تۈرلۈك نېئمەتلىرىگە) قارايدۇ. ئۇلارغا قارايدىغان بولساڭ، نېئمەتنىڭ (ئۇلارنىڭ چىرايلىرىدىن چىقىپ تۇرغان) ئەسىرىنى تونۇيسەن. ئۇلارغا ئاغزى پېچەتلەنگەن ساپ شاراب سۇنۇلىدۇ، ئەڭ ئاخىرقى يۇتۇمىدىمۇ ئۇنىڭدىن ئىپارنىڭ ھىدى كېلىپ تۇرىدۇ. قىزىققۇچىلار شۇنىڭغا قىزىقسۇن! ئۇنىڭغا (يەنى ساپ شارابقا) تەسنىمنىڭ (سۈيى) ئارىلاشتۇرۇلغان. تەسنىم جەننەتتىكى بىر بۇلاق بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئاللاھنىڭ يېقىن بەندىلىرى ئىچىدۇ﴾(83/«مۇتەففىفىن»: 22 – 28). دېمەك، بۇ ئايەتلەردە ساپ سۆيگۈ ساپ شارابقا، ئارىلاشما سۆيگۈ ئارىلاشما شارابقا ئۇدۇللاشتۇرۇلغان.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿كىمكى زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرىدۇ. كىمكى زەررىچىلىك يامان ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ﴾(99/«زەلزەلە»: 7، 8).

بەندىنىڭ ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈشىنىڭ ئالامەتلىرىدىن يەنە بىرى، ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈشتە قورقۇش ۋە ئۇلۇغلاش ئارىسىدا بولۇشتۇر. چۈنكى، قورقۇش ياخشى كۆرۈشكە قارشى كەلمەيدۇ. ياخشى كۆرگۈچى خاس كىشىلەر ياخشى كۆرۈشتە باشقىلاردا بولمىغان قورقۇش ئىچىدە بولىدۇ. قورقۇشلارنىڭ بەزىسى بەزىسىدىن قاتتىق بولىدۇ. قورقۇشلارنىڭ بىرىنچىسى ئاللاھ تائالادىن يۈز ئۆرۈشتىن قورقۇش، بۇنىڭدىنمۇ قاتتىق قورقۇش بولسا ئاللاھ تائالانىڭ ۋىسالىدىن مەھرۇم قېلىشتىن قورقۇش، بۇنىڭدىنمۇ قاتتىقراقى ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىدىن يىراق قىلىنىشتىن قورقۇشتۇر.

بەندىنىڭ ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈشىنىڭ ئالامەتلىرىدىن يەنە سۆيۈلگەن زاتنى ئۇلۇغلاپ، ئۇنىڭدىن ئەيمىنىپ، ئۇنىڭ مەخپىيەتلىكىنى قوغداش يۈزىسىدىن سۆيگۈنى يوشۇرۇپ قۇرۇق دەۋادىن يىراق تۇرۇش، سۆيگۈ ۋە سۆيگۈدىن ئۆزىنى يوقىتىپ قويۇشنى ئىزھار قىلىشتىن ساقلىنىش قاتارلىقلار بار. چۈنكى، سۆيگۈ سۆيگۈچىنىڭ مەخپىيەتلىكلىرىدىندۇر. گاھىدا سۆيگۈچى بىھوشلىنىپ مەستلىكتەك ھالەتتە بولۇپ قالغىنىدا ئۇنىڭ سۆيگۈسى مەقسەتسىز ھالدا ئاشكارىلىنىپ قالسا، ئۇ ئەيىبكە بۇيرۇلمايدۇ.

شۇنىڭدەك بىر شائىر ئېيتۇر:

قانداق بولار ھالى قەلبى ئاللاھنىڭ غەيرى بىلەن بولسا كىشىنىڭ،

سىرى كۆزىدە ئاشكارا بولغان كىشى قانداق يوشۇرار سىرىنى ئۆزىنىڭ.

 

ئىمام ئىبنى قۇدامە ئەلمەقدىسىينىڭ: «مۇختەسەرۇ مىنھاجۇل قاسىدىن» كىتابىدىن.

تەرجىـــمە قىلـــــغۇچى: ئابدۇللاھ ئابدۇلمەجىد


1. ئالىملار بەندىنىڭ ئاللاھ تائالانى چۈشىدە كۆرۈشى مۇمكىن ئىش ئىكەنلىكىدە بىردەك قاراشتا. لېكىن، بەندە قانداقلا بىر سۈرەت كۆرسۇن، ئاللاھ تائالا چوقۇم ئۇ سۈرەتتىن باشقىچە سۈرەتتە بولىدۇ. چۈنكى، ھېچ شەيئى ئاللاھ تائالاغا ئوخشاش ئەمەستۇر، قاراڭ: نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 7/457.
2. ئەھمەد (21710)؛ ھاكىم (1900). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت بىلەن ئالبانىي: («زەئىفۇتتەرغىب»، 397) «زەئىف» دېگەن. زەيد ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى. لېكىن، فەزالە ئىبنى ئەبىد ۋە ئاممار ئىبنى ياسىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما بۇ دۇئانى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن سەھىھ رىۋايەت قىلغان. نەسائىي (1229)؛ ئىبنى ھىببان (1971)؛ ھاكىم (1923). ئالبانىي: («سەھىھۇننەسائىي»، 1306) «سەھىھ» دېگەن.
3. بۇ رىۋايەتنىڭ سەنەدى نامەلۇم.
4. بۇخارىي (6502). ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
5. تىرمىزىي (2396). ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى. ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 146) «سەھىھ» دېگەن.
6. بۇخارىي (6780). ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇرۇلغان كىشىنى «ھىمار» دەپ لەقەملەندۈرۈلگەن «ئابدۇللاھتۇر» دەپ رىۋايەت قىلغان. لېكىن، بەزىلەر مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان، بۇخارىي (2316) دىكى يەنە بىر قىسسىگە ئاساسەن، ئۇ كىشىنى نۇئەيمان ياكى ئىبنى نۇئەيمان دېگەن.

Please follow and like us: