تەۋەككۈل قىلىشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا
ئاللاھ تائالا ئېيتۇر: ﴿مۇئمىنلەر يالغۇز ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلسۇن! (يەنى ھەممە ئىشنى ئاللاھقا تاپشۇرسۇن)﴾(3/«ئال ئىمران»: 160)، ﴿كىمكى ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا كۇپايە قىلىدۇ﴾(65/«تالاق»: 3).
«سەھىھەين»دە بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۈممىتىدىن 70 مىڭ كىشىنىڭ ھېسابسىز جەننەتكە كىرىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان، ئۇلارنىڭ سۈپىتىنى بايان قىلىپ: «ئۇلار (جاھىلىيەتتە سالغاندەك) دەم سالدۇرمايدىغان، قۇشلاردىن شۇم پال ئالمايدىغان، داغلىنىپ داۋالانمايدىغان ۋە رەببىگىلا تەۋەككۈل قىلىدىغانلاردۇر» دېگەن(1).
ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتىدۇ: مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم: «ئەگەر سىلەر ئاللاھ تائالاغا لايىق رەۋىشتە تەۋەككۈل قىلساڭلار، ئەلبەتتە، ئاللاھ سىلەرنى سەھەردە ئاچ كېتىپ كەچتە توق قايتىدىغان قۇشلارنى رىزىقلاندۇرغاندەك رىزىقلاندۇرغان بولاتتى»(2).
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دۇئا قىلاتتى: «ئى ئاللاھ! سەندىن ياخشى كۆرىدىغان ئەمەللىرىڭگە، ساڭا ھەقىقىي تەۋەككۈل قىلىشقا ۋە سەندىن ياخشىلىق كۈتۈشكە تەۋپىق بېرىشىڭنى سورايمەن»(3).
تەۋەككۈل قىلىشنىڭ ئەسلى بولغان تەۋھىدنىڭ ھەقىقىتىنىڭ بايانى
تەۋەككۈل قىلىش تەۋھىد ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ. تەۋھىد بىرنەچچە دەرىجە بولىدۇ:
شۇ دەرىجىلەردىن بىرى: سېنىڭ ﴿بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر﴾(37/«ساففات»: 35؛ 47/«مۇھەممەد»: 19) دېگەن سۆزۈڭدە ئىپادىلەنگەن ئاللاھ تائالانىڭ يېگانىلىكىنى قەلبىڭ تەستىق قىلىشى كېرەك. ﴿ئۇنىڭ شېرىكى يوقتۇر﴾(6/«ئەنئام»: 163)، ﴿پۈتۈن پادىشاھلىق ئۇنىڭغا مەنسۇپتۇر، جىمى ھەمدۇسانا ئۇنىڭغا خاستۇر، ئۇ ھەرنەرسىگە قادىردۇر﴾(64/«تەغابۇن»: 1) دېگەن لەۋزنى تەستىق قىلىشى كېرەك. لېكىن، دەلىلىنى بىلمەستىن تەستىق قىلىش ئاۋام خەلقنىڭ ئېتىقادىدۇر.
ئىككىنچىسى: تۈرلۈك – تۈرلۈك نەرسىلەرنى كۆرۈپ، ئۇلارنى يېگانە ئاللاھ تائالا ياراتقان، دەپ قاراش كېرەك. بۇ بولسا ئاللاھ تائالاغا يېقىن بەندىلەرنىڭ ماقامىدۇر.
ئۈچىنچى: ئىنسان ئوچۇق بىر شەكىلدە «ئاللاھ تائالادىن باشقا بارلىققا كەلتۈرگۈچى يوق» دېگەن چۈشەنچىگە ئىگە بولسا، ئۇ ئىنسان ئاللاھ تائالادىن غەيرىگە قارىمايدۇ. بەلكى ئاللاھ تائالادىن قورقىدۇ، ئاللاھ تائالادىن ئۈمىد قىلىدۇ، ئۇنىڭغا ئىشىنىدۇ ۋە ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن يېگانە ياراتقۇچىدۇر. بارلىق ئەيىبلەردىن پاكتۇر. بارلىق مەخلۇقاتلار ئۇنىڭغا بويسۇنغۇچىدۇر. بۇ چۈشەنچىدە بولغان كىشى زىرائەتنىڭ ئۆسۈشىدە يامغۇرغا، يامغۇرنىڭ يېغىشىدا يامغۇر بۇلۇتىغا، كېمىنىڭ مېڭىشىدا شامالغا تايانمايدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭغا تايىنىش ئىشلارنىڭ ھەقىقىتىنى بىلمىگەنلىكتۇر. ھەقىقەتلەر ئايدىڭ بولغان كىشى شامالنىڭ ئۆزىچە ھەرىكەت قىلمايدىغانلىقىنى، چوقۇم ئۇنىڭ بىر ھەرىكەتلەندۈرگۈچىسى بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ئۆزىنىڭ نىجات تېپىشىنى شامالغا باغلىق دەپ قارىشى، خۇددى، بىر كىشى قولغا ئېلىنىپ قىلىچتىن ئۆتكۈزۈلمەكچى بولسا ۋە پادىشاھ ئۇنى ئەپۇ قىلىپ ئىمزا قويسا، ئاندىن تۇتۇلغان ئۇ كىشى سىياھ، قەغەز ۋە ئىمزا قويۇشتا قوللىنىلغان قەلەم بىلەن بولۇپ، «بۇ قەلەم بولمىغان بولسا، مەن ئۆلۈمدىن قۇتۇلالمايتتىم» دەپ، ئۆزىنىڭ ئۆلۈمدىن قۇتۇلغانلىقىنى قەلەمنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى پادىشاھتىن ئەمەس، بەلكى قەلەمدىن كۆرىدىغان كىشىگە ئوخشايدۇ. بۇ تولىمۇ نادانلىقتۇر. كىمكى قەلەمنىڭ ئۆز ئالدىغا ھۆكۈم چىقىرىش كۈچى يوقلۇقىنى بىلسە، ئەلبەتتە قەلەمگە ئەمەس، قەلەمكەشكە رەھمەت ئېيتىدۇ. بارلىق مەخلۇقاتلار ياراتقۇچى ئاللاھ تائالانىڭ بويسۇندۇرۇپ باشقۇرۇشىدا قەلەمكەشنىڭ ئۆز قولىدىكى قەلەمنى باشقۇرغىنىدىنمۇ بەكرەك مۇكەممەلدۇر. ﴿خاھلىغىنىنى قىلىدىغان﴾(11/«ھۇد»: 107)، سەۋەبلەرنى پەيدا قىلغۇچى يېگانە ئاللاھ تائالا بارلىق ئەيىب – نۇقسانلاردىن پاكتۇر.
پەسىل: تەۋەككۈل قىلىشنىڭ ئەھۋالى ۋە تەۋەككۈل قىلغۇچىلارنىڭ ئەمەللىرىنىڭ بايانى
بىلگىنكى، تەۋەككۈل سۆزى ئەرەب تىلىدىكى «وَكاَلَةٌ» سۆزىدىن ئېلىنغاندۇر. ئەرەب تىلىدا: «وَكَّلَ فُلاَنٌ أَمْرَهُ إِلٰى فُلاَنٍ» دېيىلىدۇ. يەنى: «پالانى كىشى ئىشىنى پالانى كىشىگە تاپشۇردى، ئىشىدا ئۇنىڭغا تاياندى» دېگەن مەنىدە.
تەۋەككۈل قىلىش بولسا: قەلبنىڭ تەۋەككۈل قىلىنغۇچىغا تايىنىشىدىن ئىبارەتتۇر. بىر كىشى يەنە بىر كىشىنىڭ ھېسداشلىق قىلىدىغان، كۈچلۈك ۋە يول كۆرسىتەلەيدىغان قابىل كىشىلىكىگە ئىشەنچ قىلغاندىلا، ئاندىن ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلالايدۇ.
بۇنى بىلسەڭ، بۇنىڭغا ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالاغا تەۋەككۈل قىلىشنى قىياس قىلغىن.
سېنىڭ نەپسىڭدە «ئاللاھ تائالادىن ئۆزگە ياراتقۇچى يوق» دېگەن ئېتىقاد قارار تاپسا، شۇنىڭ بىلەن بىرگە «ئاللاھ تائالا مۇكەممەل ئىلىم، مۇتلەق قۇدرەت ۋە مىسلسىز شەپقەت ئىگىسىدۇر، ئۇنىڭ قۇدرىتىدىنمۇ كۈچلۈك كۈچ – قۇدرەت، ئۇنىڭ ئىلمىدىنمۇ مۇكەممەل ئىلىم ۋە ئۇنىڭ شەپقىتىدىنمۇ زىيادە شەپقەت يوقتۇر» دەپ ئېتىقاد قىلساڭ، شۈبھىسىزكى سېنىڭ قەلبىڭ ئۇنىڭغا تايىنىدۇ ۋە ھەرقانداق ھالدا ئۇنىڭ غەيرىگە قارىمايدۇ. ئەگەر سەن بۇنى نەپسىڭدە تاپالمىساڭ، ئۇنىڭ سەۋەبى ئىككى ئىشنىڭ بىرىدۇر:
يا بۇ خىسلەتلەردىن بىرەرسىگە جەزمىيتىڭنىڭ ئاجىزلىقى سەۋەبىدىن بولغان بولىدۇ؛
ۋەيا بولمىسا قەلبىڭنى قورقۇنچ بېسىۋالغانلىقى، قەلبىڭنىڭ ئاجىزلىقى ۋە شۇ قەلبىڭنى چىرمىۋالغان خام خىياللار سەۋەبىدىن بولغان بولىدۇ. چۈنكى، بەزىدە خام خىيالنىڭ قەلبتە تۇرۇشى ۋە ئىنساننىڭ جەزمىيىتىدە نۇقسان بولمىسىمۇ خام خىيالغا ئىتائەت قىلغانلىقى سەۋەبىدىن قەلب بىئارام بولىدۇ. بىر كىشى ھەسەلنى قولىغا ئالسا، ئاندىن ھەسەل ئۇ كىشىنىڭ ئالدىدا گەندىگە ئوخشىتىلسا، ئۇ كىشىنىڭ تەبىئىتى ھەسەلدىن يىرگىنىشى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى ھەسەلنى يېمەسلىكى مۇمكىن.
ئەگەر ئاقىل كىشى قەبرىدىكى ياكى كۆرپىدىكى ۋەياكى ئۆيدىكى ئۆلۈك بىلەن بىرگە كېچىدە يېتىشقا تەكلىپ قىلىنسا — ئۇنىڭ جانسىز ئۆلۈك ئىكەنلىكىگە جەزم قىلسىمۇ — ئۇنىڭ تەبىئىتى ئۆلۈك بىلەن بىللە يېتىشتىن يىرگىنىدۇ. لېكىن، ئۇنىڭ تەبىئىتى باشقا جانسىز نەرسىلەر بىلەن بىرگە كېچىدە يېتىشتىن يىرگەنمەيدۇ.
بۇ بولسا قەلبتىكى قورقۇنچاقلىقتۇر. ئۇ ھەم ئىنسانمۇ خالىي بولالمايدىغان بىر تۈرلۈك ئاجىزلىقتۇر. بەزىدە بۇ قورقۇنچاقلىق كۈچىيىپ كېسەللىككە ئايلىنىپ، ھەتتا ئىنسان بىر ئۆيدە ئىشىكنى پۇختا تاقاپ تۇرۇپمۇ يالغۇز يېتىشتىن قورقىدىغان بىر ھالغا يېتىدۇ.
بۇنداق بولغان ئىكەن، تەۋەككۈل قىلىش پەقەت قەلب كۈچلۈك بولۇش ۋە قەتئىي جەزم قىلىش بىلەن تاماملىنىدۇ. خوش، ساڭا تەۋەككۈل قىلىشنىڭ مەنىسى ئايدىڭلىشىپ، «تەۋەككۈل قىلىش» دەپ ئاتىلىدىغان ھالەتنى بىلگەن بولساڭ، شۇ ھالەتنىڭ كۈچلۈك ۋە ئاجىز بولۇشىدا ئۈچ دەرىجە بارلىقىنى بىلگىن:
بىرىنچى: بىز تىلغا ئالغاندەك، كىشى ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىگە كېپىل بولىدىغانلىقى ۋە ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىغا دائىما ئىشەنچ قىلىشى كېرەك. بۇ ئۇنىڭ ۋەكىلگە ئىشەنچ قىلغىنىغا ئوخشايدۇ.
ئىككىنچى دەرىجە: بۇ ئەڭ كۈچلۈك دەرىجىدۇر. بۇ دەرىجە بولسا ئىنسان بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ مۇناسىۋىتى خۇددى بوۋاق بالا بىلەن ئانىسىنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئوخشاش بولۇشىدۇر. چۈنكى، بوۋاق بالا ئانىسىدىن باشقىنى تونۇمايدۇ، ئانىسىدىن باشقىغا ئالدىرىمايدۇ، پەقەت ئانىسىغىلا تايىنىدۇ. ئۇنىڭغا بىرەر ئىش يەتسە، ئۇنىڭ خىيالىغا ۋە تىلىغا تۇنجى قېتىم «ئانا» دېگەن سۆز كېلىدۇ. شۇڭا، كىمنىڭ ئىبادىتى، قارىشى، تايىنىشى ئاللاھ تائالاغا بولسا، ئاللاھ تائالاغا كىچىك بالا ئانىسىغا ئاشىق بولغاندەك ئاشىق بولىدۇ. شۇ ئارقىلىق ئۇ كىشى ئاللاھ تائالاغا ھەقىقىي تەۋەككۈل قىلغۇچى بولىدۇ.
بۇنىڭ بىلەن ئاۋۋالقى ھالەتنىڭ پەرقى بولسا بۇ ھالەتتە تەۋەككۈل قىلغۇچى ئۆز تەۋەككۈلىدە پەقەت ئاللاھ تائالاغىلا تەۋەككۈل قىلىپ ئۆزىنى يوقاتقان بولىدۇ. چۈنكى، ئۇ تەۋەككۈل قىلىنغۇچىدىن باشقىغا قارىمايدۇ. ئۇنىڭ قەلبىدە ئاللاھ تائالادىن باشقىغا ئورۇن قالمايدۇ. بىرىنچى ھالەتتە تۇرۇپ تەۋەككۈل قىلغۇچىغا كەلسەك، ئۇ تەكەللۇپ قىلىش ۋە كەسىپ قىلىش بىلەن تەۋەككۈل قىلغۇچى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ كىشى ئۆز تەۋەككۈلىدە ئاللاھ تائالاغىلا تەۋەككۈل قىلىپ ئۆزىنى يوقاتقان كىشىگە ئوخشىمايدۇ. بەلكى ئۇ باشقا نەرسىلەرگىمۇ قارىشى مۇمكىن. باشقا نەرسىلەرگە قاراش بولسا يېگانە ئاللاھ تائالاغىلا تەۋەككۈل قىلىشنى مۇلاھىزە قىلىشتىن قايتۇرىدىغان بىر ئىشتۇر.
ئۈچىنچى دەرىجە: بۇ دەرىجە ئىلگىرىكى ئىككى دەرىجىدىن يۇقىرىدۇر. بۇ دەرىجە بولسا ئىنساننىڭ ئاللاھ تائالا ئالدىدا خۇددى ئۆلۈكنىڭ غەسسال ئالدىدا تۇرغىنىغا ئوخشاش تۇرۇشىدۇر. ئۇ كىشى ئاللاھ تائالادىن ئايرىلمايدۇ. لېكىن، ئۇ ئۆزىنى ئۆلۈك ھېسابلىمايدۇ. بۇ ھالەت بوۋاق بالىنىڭ ئانىسى بىلەن بولغان ئەھۋالىغا ئوخشىمايدۇ. چۈنكى، بوۋاق بالا ئانىسىنىڭ يېنىغا بارىدۇ ۋە توۋلاپ، ئانىسنىڭ پېشىغا ئېسىلىدۇ.
بۇ ھاللار مەخلۇقاتلاردا تېپىلىدۇ. لېكىن، ئۇنىڭدا ئىزچىل بولۇش تەس. بولۇپمۇ ئۈچىنچى ھالەتكە داۋاملىشىش تەس.
تەۋەككۈل قىلغۇچىلارنىڭ بەزى ئەمەللىرى توغرىسىدا
بەزى كىشىلەر «تەۋەككۈل قىلىشنىڭ مەنىسى بەدەن بىلەن كەسىپ قىلىش ۋە قەلب بىلەن ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەرك ئېتىش ھەمدە لاتىغا ياكى دۆشە ئۈستىدىكى گۆشكە ئوخشاش زېمىنغا تاشلىنىش» دەپ ئويلايدۇ. بۇ جاھىللارنىڭ گۇمانى بولۇپ شەرىئەتتە ھارامدۇر.
شەرىئەت تەۋەككۈل قىلغۇچىلارنى ماختىدى. تەۋەككۈل قىلىشنىڭ تەسىرى بەندىنىڭ يۈرۈش – تۇرۇشىدا ۋە ئۆز مەقسەتلىرىنى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشىدا كۆرۈلىدۇ. بەندىنىڭ ھەرىكەت قىلىشى بولسا كەسپ قىلىشقا ئوخشاش يوق پۇلنى تېپىش ئۈچۈن ياكى زاپاس ساقلاشقا ئوخشاش بار بولغان نەرسىنى ساقلاش ئۈچۈن، يا تاجاۋۇز قىلغۇچىنى دەﻓﺌ قىلىشقا ئوخشاش تېخى نېسى زىياننى يوقىتىش ئۈچۈن، ياكى كېسەلدىن داۋالانغانغا ئوخشاش نەق زىياننى يوقىتىش ئۈچۈن بولىدۇ. دېمەك، بەندىنىڭ ھەرىكەتلىرى بۇ تۆت تۈردىن ئۆتۈپ كەتمەيدۇ.
بىرىنچى تۈر: پايدىلىق نەرسىلەرنى جەلپ قىلىش. بۇنىڭ سەۋەبلىرى ئۈچتۇر:
بىرىنچىسى: كەسكىن سەۋەب. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ تەقدىرى ۋە ئىرادىسى بىلەن ۋۇجۇدقا كېلىدىغان ئىشلارغا مۇقىم شەكىلدە باغلانغان سەۋەبلەرگە ئوخشاشتۇر. مىسال: سەن ئاچ قورساق ھالىتىڭدە ئالدىڭدا تاماق بولىدۇ، سەن تاماققا قولۇڭنى سوزماي، «مەن تەۋەككۈل قىلغۇچىمەن، تەۋەككۈل قىلىشنىڭ شەرتى جىم تۇرۇش، تاماققا قولنى سوزۇش جىم تۇرۇشنى بۇزغانلىق بولىدۇ، شۇنىڭدەك تاماقنى چايناش، ئۇنى يۇتۇشمۇ ھەرىكەت قىلغانلىق ھېسابلىنىدۇ» دەيسەن. بۇ ئېنىق ساراڭلىق بولۇپ، ئەسلا تەۋەككۈل قىلىشقا كىرمەيدۇ. چۈنكى، سەن ئاللاھ تائالانىڭ سەن تاماق يېمىسەڭمۇ ئۆزلۈكىدىن قورساق تويۇشنى ياكى تاماقنى ئۆزى ھەرىكەتلىنىپ سەن تەرەپكە ماڭدۇرۇشىنى ۋەياكى تاماقنى چايناپ بېرىشى ۋە ئاشقازىنىڭغا يەتكۈزۈپ بېرىشى ئۈچۈن بىر پەرىشتىنى بويسۇندۇرۇپ بېرىشىنى كۈتسەڭ، ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتىنى بىلمىگەن بولىسەن.
شۇنىڭدەك ئەگەر سەن زىرائەت تېرىماي، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇرۇق بولمىسىمۇ ئۆسۈملۈك ئۆستۈرۈشىنى ياكى ئايالىڭ بىلەن جىما قىلمىساڭمۇ ئايالىڭنىڭ تۇغۇشىنى تەمە قىلساڭ، بۇنىڭ ھەممىسى ساراڭلىقتۇر. بۇ يەردە ئەمەل قىلىشنى تەرك ئېتىش تەۋەككۈل قىلغانلىق ھېسابلانمايدۇ. بەلكى بۇ يەردە تەۋەككۈل قىلىش بىلىش ۋە ھالەت بىلەن بولىدۇ:
بىلىشكە كەلسەك، ئاللاھ تائالانىڭ تاماقنى، قولنى، سەۋەبلەرنى ۋە ھەرىكەت كۈچىنى ياراتقانلىقىنى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ساڭا تاماق ۋە سۇ بېرىدىغانلىقىنى بىلىشىڭدۇر.
ھالەت بولسا: سېنىڭ قەلبىڭ ۋە تايىنىشىڭ قول ۋە تاماققا ئەمەس، بەلكى ئاللاھ تائالانىڭ پەزلىگە بولۇشى كېرەك. چۈنكى، سېنىڭ قولۇڭ قۇرۇپ قېلىشى ۋە ھەرىكىتىڭ يوق بولۇپ كېتىشى مۇمكىن. ئاللاھ تائالا ساڭا تاماققا غالىب كېلىدىغان بىر كىشىنى مۇسەخخەر قىلىشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا، تاماققا قولنى سوزۇش تەۋەككۈلگە زىت كەلمەيدۇ.
ئىككىنچى دەرىجە: كەسكىن بولمىغان سەۋەبلەر. لېكىن، كۆپىنچە ۋاقىتتا بارلىققا كەلتۈرۈلىدىغان ئىشلار ئۇ سەۋەبلەرسىز بارلىققا كەلمەيدۇ. ئۇ مىسالى شەھەرلەردىن ئايرىلىپ، ئادەملەر ناھايىتى كەم بارىدىغان سەھرالارغا سەپەرگە چىقىپ، ئۆزى بىلەن ھېچ ئوزۇق – تۈلۈك ئېلىۋالمىغان كىشىدۇر، بۇنداق كىشى ئاللاھ تائالانى سىنىغان كىشىگە ئوخشاشتۇر. ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى چەكلىنىدۇ ۋە ئوزۇق – تۈلۈك ئېلىۋېلىشىغا بۇيرۇق قىلىنىدۇ. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سەپەر قىلغان چاغدا، ئوزۇق – تۈلۈك ئېلىۋالغان ۋە مەدىنىگە يول كۆرسىتىدىغان بىر يول باشچىنى ئىجارىگە ئالغان ئىدى(4).
ئۈچىنچى دەرىجە: تولۇق ئىشەنچ قىلغىلى بولمايدىغان، لېكىن بارلىققا كەلتۈرۈلمەكچى بولغان نەرسىلەرگە يەتكۈزۈشى خىيال قىلىنىدىغان سەۋەبلەر.
مەسىلەن: بىر كىشى مالغا ئېرىشىش تەپسىلاتى ۋە يوللىرى ھەققىدە ئىنچىكە تەدبىرلەرنى ئىزدىسە، ئۇنىڭ مەقسىتى ۋە ئىشى شەرىئەتتىن چىقىپ كەتمەيدىغان ئاساستا توغرا بولسا، ئۇنىڭ بۇ ئىشى تەۋەككۈلدىن چىقىپ كەتمەيدۇ. لېكىن، ئۇ كىشى تۇرمۇشنىڭ ئارتۇقچە نەرسىلىرىنى تەلەپ قىلسا، مال – دۇنياغا ھېرىسمەن كىشىلەر قاتارىغا كىرىپ قېلىشى مۇمكىن.
رىزىق يولىدا تىرىشماسلىق ئەسلا تەۋەككۈل قىلىش جۈملىسىدىن ئەمەستۇر. رىزىق ئىزدەشنى تەرك ئېتىش تەۋەككۈل قىلىشنى باھانە قىلىپ، راھەتنى تاللىغان ئىشى يوق ئادەملەرنىڭ قىلىدىغان ئىشىدۇر.
ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «تەۋەككۈل قىلغۇچى دېگەن زېمىنغا ئۇرۇق چېچىپ، ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۈل قىلىدۇ» دېگەن.
ئىككىنچى تۈر: بار بولغان نەرسىنى ساقلاپ سەۋەب قىلىش
ھالال ئوزۇق – تۈلۈك تاپقان كىشىنىڭ يەنە شۇنداق بىر ئوزۇق – تۈلۈككە ئېرىشىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشى ئۇنىڭ زېھنىنى مەشغۇل قىلغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ شۇ ھالال رىزىقنى توپلىشى ئۇنى تەۋەككۈل قىلىشتىن چىقىرىۋەتمەيدۇ. بولۇپمۇ ئائىلىسى بار كىشى بولسا شۇنداق.
«سەھىھەين»دىكى، ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىدە، «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بەنى نەزىر يەھۇدىيلىرىنىڭ غەنىيمەتكە چۈشكەن خورمىلىرىنى ساتاتتى ۋە ئەھلىگە ئۇلارنىڭ بىر يىللىق يېمەكلىكىنى ساقلاپ قوياتتى» دېيىلگەن(5).
ئەگەر «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ئوزۇقلۇق ساقلىۋېلىشتىن چەكلىدىغۇ؟»(6) دېيىلسە:
بۇنىڭ جاۋابى: بىلالنىڭ قېشىدىكى يوقسۇللار مېھمانغا ئوخشايتتى. شۇ سەۋەبتىن بىلال يېمەكلىكنى يىغىپ ساقلىۋالسا، ئۇلار ئاچ قالاتتى. ئىشنىڭ ئەسلى ماھىيىتى: بىلال ۋە سۇففە ئەھلى ۋە ئۇلارغا ئوخشاش كىشىلەردىن تەلەپ قىلىنىدىغىنى يېمەكلىكنى يىغىپ ساقلىۋالماسلىق ئىدى. ئەگەر ئۇلار يېمەكلىكنى يىغىپ ساقلىۋالسا، ئۇلارنىڭ «بىز نامرات» دېگەن دەۋاسىدا يالغان ئېيتقانلىقىغا بىنائەن ئەيىبلىنەتتى.
ئۈچىنچى تۈر: زىياننى يوق قىلىدىغان سەۋەبلەر بىلەن شۇغۇللىنىش
زىياننى يوق قىلىدىغان سەۋەبلەرنى تەرك ئېتىش تەۋەككۈل قىلىش شەرتلىرىدىن ھېسابلانمايدۇ. شۇڭا، يىرتقۇچ ھايۋانلار كۆپ زېمىندا ياكى سەل يولىدا، ياكى ئۆرۈلۈپ چۈشەي دەپ قالغان تام ئاستىدا ئۇخلاش دۇرۇس بولمايدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى چەكلىنىدۇ.
شۇنداقلا ساۋۇت كىيىش، ئىشىكنى تاقاش ۋە تۆگىنى ئارغامچا بىلەن باغلاش قاتارلىق ئىشلار تەۋەككۈل قىلىشقا زىت كەلمەيدۇ.
ئاللاھ تائالا: ﴿قوراللىرىنى (ئېھتىيات يۈزىسىدىن) يېنىدا تۇتسۇن﴾(4/«نىساﺋ»: 102) دېگەن.
بىر ئادەم پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ:
— ئى ئاللاھ تائالانىڭ ئەلچىسى! تۆگىنى باغلاپ قويۇپ، ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۈل قىلامدىم ياكى تۆگىنى باغلىماى قويۇپ بېرىپ، ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۈل قىلامدىم؟ — دەپ سورىغانىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— ئۇنى باغلاپ تەۋەككۈل قىلغىن، — دېدى(7).
بۇنىڭ ھەممىسدە سەۋەبكە ئەمەس، بەلكى سەۋەبنى بارلىققا كەلتۈرگۈچى ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۈل قىلىدۇ. ئۇنىڭدا ئاللاھ تائالا پۈتكەن بارلىق ئىشلارغا رازى بولىدۇ. قاچانىكى ئۇنىڭ مېلى ئوغرىلانسا، «مېلىمنى ئوبدان ساقلىغان بولسام ئوغرىلانمايتتى» دېگەندەك خىيال كەلسە ياكى بېشىغا كەلگەننى باشقىلارغا شىكايەت قىلسا، ئۇنىڭ تەۋەككۈل قىلىشتىن يىراق ئىكەنلىكى ئايان بولىدۇ.
كىشى تەقدىرنىڭ ئۆزىگە نىسبەتەن تېۋىپقا ئوخشايدىغانلىقىنى بىلسۇن! يەنى تېۋىپ ئۇنىڭغا تاماق كەلتۈرسە خۇشال بولىدۇ ۋە «ئەگەر تېۋىپ غىزانىڭ ماڭا مەنپەئەت قىلىدىغانلىقىنى بىلمىسە ئىدى، ئۇنى مېنىڭ يېيىشىمگە ئېلىپ كەلمەيتتى» دەيدۇ. ئەگەر تېۋىپ ئۇنىڭدىن يېمەكنى چەكلىسە: «تېۋىپ ئۇنىڭ ماڭا زىيان قىلىدىغانلىقىنى بىلمىسە ئىدى، ئۇنى مەندىن چەكلىمەيتتى» دەيدۇ.
شۇنى بىلگىنكى، كېسەل كىشى كۆيۈمچان ۋە ئۇستا تېۋىپقا ئىشەنگىنىدەك، بىر كىشى ئاللاھ تائالانىڭ مەرھەمەت قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنمىسە، ئۇنىڭ تەۋەككۈلى توغرا بولمايدۇ. تەۋەككۈل قىلغۇچى مېلى ئوغرىلانسىمۇ، پەرۋا قىلماسلىقى، ئاللاھ تائالانىڭ قازاسىغا رازى بولۇشى ۋە مۇسۇلمانلارغا شەپقەت قىلىپ، ئوغرىدىكى ھەققىگە رازى بولۇپ كېتىشى كېرەك.
بىر كىشى بىر ئالىمغا ئۆزىنىڭ بۇلاڭچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى ۋە مېلىنىڭ تارتىۋېلىنغانلىقىنى شىكايەت قىلغانىدى، ئالىم ئۇنىڭغا: «بۇنداق قىلىدىغان مۇسۇلمانلار نېمىشقا كۆپىيىپ قالدى، دەپ مېلىڭنى ئېلىۋالغان مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئۆزۈڭنىڭ مېلىغا قايغۇرغىنىڭدىن بەكرەك قايغۇرمىساڭ، مۇسۇلمانلارغا سەمىمىي بولمىغان بولىسەن» دېدى.
تۆتىنچى تۈر: زىياننى يوقىتىشقا ھەرىكەت قىلىش؛ بۇ كېسەلنى داۋالاش ۋە شۇنىڭدەك ئىشلارغا ئوخشايدۇ. بىلگىنكى، زىياننى يوق قىلىدىغان سەۋەبلەر ئۈچتۇر:
بىرىنچى: ئۇسسۇزلۇقنى باسقۇچى سۇ ۋە ئاچلىقنى تىندۇرغۇچى نانغا ئوخشاش كەسكىن سەۋەبلەردۇر. بۇ تۈر سەۋەبلەرنى تەرك ئېتىش ھېچبىر شەكىلدە تەۋەككۈل قاتارىغا كىرمەيدۇ.
ئىككىنچى: داۋالىنىش مەقسىتىدە تومۇردىن قان ئېلىش، لوڭقا قويۇپ داۋالىنىش ۋە سۈرگە دورىسى ئىچىشكە ئوخشاش ئېھتىماللىق سەۋەبلەردۇر. بۇلارنى قىلىش تەۋەككۈل قىلىشقا زىت كەلمەيدۇ. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ داۋالانغان(8) ۋە داۋالىنىشقا بۇيرۇغان ئىدى(9).
مۇسۇلمانلاردىن كۆپ كىشىلەر داۋالاندى ۋە بىر تۈركۈم كىشىلەر بولسا ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۈل قىلىپ، داۋالىنىشنى تەرك ئەتتى.
شۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇكى، «ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كېسەل بولۇپ قالغاندا، ئۇنىڭغا:
— ساڭا تېۋىپ چاقىرمايمىزمۇ؟ — دېيىلگەنىدى، ئەبۇبەكرى:
— تېۋىپ مېنى كۆردى، — دېدى.
— تېۋىپ نېمە دېدى؟
— تېۋىپ: مەن خاھلىغىنىمنى قىلىمەن، — دېدى»(10).
مۇسەننىف رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «داۋالىنىش ئەۋزەل دېگەن قاراش بىز قۇۋۋەتلەيدىغان قاراشتۇر. ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ داۋالانماسلىقى بىزنىڭچە، ئەبۇبەكرى داۋالىنىپ، دورا پايدا قىلغاندىن كېيىن داۋالىنىشتىن توختىغان ياكى ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بەزى ئالامەتلەر سەۋەبلىك ئۆزىنىڭ ئەجىلىنىڭ يېقىنلىشىپ قالغانلىقىنى بىلگەن، شۇڭا داۋالىنىشنى تەرك ئەتكەن».
بىلگىنكى، دورىلار ئاللاھ تائالانىڭ ئىزنى بىلەن بويسۇندۇرۇلغان سەۋەبلەردۇر.
ئۈچىنچى: داغلاپ داۋالاشقا ئوخشاش مەۋھۇم سەۋەب بولىدۇ. شۇڭا، داغلاپ داۋالاش تەۋەككۈل قىلىشتىن چىقىپ كېتىدۇ. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تەۋەككۈل قىلغۇچىلارنىڭ سۈپىتىنى «ئۇلار داغلىنىپ داۋالانمايدىغانلار» دەپ سۈپەتلىگەن(11).
بەزى ئالىملار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «ئۇلار داغلىنىپ داۋالانمايدىغانلار» دېگەن سۆزىنى «ئۇلار جاھىلىيەت دەۋرىدە قىلغىنىدەك ‹ئۇلار داغلىنىپ داۋالانمايدۇ› دېگەن بولىدۇ» دەپ چۈشەندۈرگەن. چۈنكى، ئۇلار جاھىلىيەتتە ساق ۋاقتىدا كېسەللىك يەتمەسلىكى ئۈچۈن دۇئا – ئەپسۇن ئوقۇيتتى ۋە داغلىناتتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كېسەللىك يەتكەندىن كېيىن، رۇقيە (دۇئا) ئوقۇغان ۋە ئەسئەد ئىبنى زۇرارە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى داغلاپ قويغان ئىدى(12).
كېسەلنىڭ شىكايەت قىلىشىغا كەلسەك، كېسەلنى شىكايەت قىلىش تەۋەككۈل قىلىشتىن چىقىرىۋېتىدۇ. ئىڭراش شىكايەت قىلغانلىقنى بىلدۈرگەنلىكى ئۈچۈن، سەلەف سالىهلەر كېسەل كىشىنىڭ ئىڭرىشىنى يامان كۆرەتتى.
فۇزەيل ئىبنى ئىياز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيتتى: «يوقلىغۇچىلىرى بولمىغان بىر كېسەل بولۇشنى ئارزۇ قىلىۋاتىمەن».
بىر ئادەم ئىمام ئەھمەدتىن:
— ئەھۋالىڭىز قانداق؟ — دەپ سورىغانىدى، ئىمام ئەھمەد:
— ياخشى، — دەپ جاۋاب بەردى.
— تۈنۈگۈن ئاخشام قىزىپ قالدىڭىزمۇ؟
— مەن ياخشى دېگەندىكىن، مەن دېيىشنى يامان كۆرىدىغان نەرسىنى مېنى دېگىلى سالمىغىن.
كېسەل كىشىنىڭ تېۋىپقا ئۆزىدىكى كېسەلنى سۈپەتلەپ بېرىشى تەۋەككۈل قىلىشقا زىيان يەتكۈزمەيدۇ. سەلەف سالىهلەردىن بەزىسى شۇنداق قىلاتتى ۋە «مەن تېۋىپقا ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزۈمدىكى قۇدرىتىنى سۈپەتلەپ بېرىمەن» دەيتتى. بۇنىڭدا ئۆزىنى قىيىنچىلىققا سەبر قىلىشقا ئۈندەيدىغان بىر ئوقۇغۇچىغا كېسىلىنى سۈپەتلەپ بەرگەندەك ئەھۋال تەسەۋۋۇر قىلىنىدۇ. كېسەللىكنى نېئمەت كۆرۈپ، نېئمەتكە شۈكۈر قىلىپ ۋە كېسەللىكنى نېئمەتنى سۈپەتلىگەندەك سۈپەتلىسە، شىكايەت بولمايدۇ. بىز رىۋايەت قىلدۇقكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مەن سىلەردىن ئىككى ئادەم قىزىغاندەك قىزىپ كېتىۋاتىمەن» دېگەن(13). تەۋەككۈل قىلىش ھەققىدىكى تېما ئاخىرلاشتى.
ئىمام ئىبنى قۇدامە ئەلمەقدىسىينىڭ: «مۇختەسەرۇ مىنھاجۇل قاسىدىن» كىتابىدىن.
تەرجىـــمە قىلـــــغۇچى: ئابدۇللاھ ئابدۇلمەجىد
1. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (5705)؛ مۇسلىم (218). ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايىتى.
2. ئەھمەد (205، 370)؛ تىرمىزىي (2344)؛ ئىبنى ماجە (4164). ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 31) «سەھىھ» دېگەن.
3. ئىبنى ئەبىددۇنيا: «ئەتتەۋەككۈل»، (3161). ئەۋزائىيدىن مۇرسەلدۇر، ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىنمۇ رىۋايەت قىلىنغان. ئالبانىي: («زەئىفۇلجاﻣﯩﺌ»، 1189) «زەئىف» دېگەن.
4. بۇخارىي (3905).
5. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (5357)؛ مۇسلىم (1757).
6. بىلال، ئىبنى مەسئۇد ۋە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار رىۋايەت قىلىدۇكى: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىغا كىردى ۋە ئۇنىڭ قېشىدا بىر خالتا خورما تۇرغىنىنى كۆرۈپ:
— ئى بىلال! بۇ نېمە؟ — دەپ سورىغانىدى، بىلال:
— ئى رەسۇلۇللاھ! بۇلارنى جانابلىرىغا ۋە مېھمانلىرىغا يىغىۋاتىمەن، — دېدى. بۇنى ئاڭلىغان ئاللاھنىڭ رەسۇلى:
— ئى بىلال! بۇنىڭ دوزاختا تۈتۈن بولۇشىدىن قورقمامسەن؟ بۇنى سەدىقە قىلىۋەتكىن ۋە ئەرش ئىگىسىنىڭ سېنى ئاچ قويۇشىدىن ئەندىشە قىلمىغىن! — دېدى. تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، (1013)؛ ئىمام ئەھمەد: «ئەززۇھد»، (401)؛ بەززار (1978). ئالبانىي: («سەھىھۇلجاﻣﯩﺌ»، 1512) «سەھىھ» دېگەن.
7. تىرمىزىي (2517). ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى. ئالبانىي: («سەھىھۇلجاﻣﯩﺌ»، 1068) «ھەسەن» دېگەن.
8. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ داۋالىنىش ئۈچۈن لوڭقا قويۇپ قان ئالدۇرغانلىقى سەھىھ ھەدىسلەردە كەلگەندۇر.
9. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «داۋالىنىڭلار! چۈنكى، كېسەلنى ياراتقان ئاللاھ دورىسىنىمۇ ياراتقان» دېگەن. ئەھمەد (12596). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەھىھ لىغەيرىھى» دېگەن. ئىبنى ئەبى شەيبە (23881). ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن. تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، (649). ئۇممۇددەرداﺋ رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن. ئالبانىي: («غايەتۇل مەرام»، (292) «سەھىھ» دېگەن.
10. ئىبنى ئەبى شەيبە: (35581).
11. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (5705)؛ مۇسلىم (218). ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايىتى.
12. ئەھمەد (23255)؛ تىرمىزىي (2050)؛ ئىبنى ماجە (3492). ئالبانىي: («مىشكات»، 5434) «سەھىھ» دېگەن.
13. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (5648)؛ مۇسلىم (2571). ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.