ياخشى كۆرۈش، شەۋق، ئۇنس - ئۈلپەتچىلىك ۋە رازىمەنلىك ھەققىدە  

ياخشى كۆرۈش، شەۋق، ئۇنس – ئۈلپەتچىلىك ۋە رازىمەنلىك ھەققىدە  

شۇنى بىلگىنكى، ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈش ماقاملار ئىچىدىكى ئەڭ يۈكسەك ماقامدۇر. ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈشكە يەتكەندىن كېيىن، بىرەر دەرىجە مەۋجۇد بولسا ئۇ دەرىجە ياخشى كۆرۈشنىڭ نەتىجىلىرىدىن بىر نەتىجە ۋە ئۇنىڭ ئەگەشمە بۆلەكلىرىدىن بىر ئەگەشمە بۆلەك ھېسابلىنىدۇ. بۇ قىزغىنلىق، ئۈلپەتچىلىك ۋە مەمنۇن بولۇش قاتارلىقلارغا ئوخشاشتۇر. ياخشى كۆرۈشنىڭ ئالدىدىكى دەرىجە بولسا ياخشى كۆرۈشنىڭ مۇقەددىمىسىدۇر. بۇ تەۋبە قىلىش، سەبر قىلىش، زاھىدلىق ۋە ئۇنىڭدىن باشقىلارغا ئوخشاش.

شۇنى بىلگىنكى، ئۈممەت ئاللاھ تائالانى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبىرىنى ياخشى كۆرۈشنىڭ پەرز ئىكەنلىكىگە بىرلىككە كەلگەن. ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈشنىڭ دەلىللىرىدىن ئاللاھ تائالانىڭ تۆۋەندىكى سۆزلىرى بار: ﴿ئاللاھ (ئۇنىڭ ئورنىغا) ئاللاھ ئۇلارنى ياخشى كۆرىدىغان، ئۇلارمۇ ئاللاھنى ياخشى كۆرىدىغان… بىر قەۋمنى كەلتۈرىدۇ﴾(5/«مائىدە»: 54 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى). ﴿بەزى ئادەملەر ئاللاھتىن غەيرىلەرنى ئاللاھقا شېرىك قىلىۋالىدۇ، ئۇلارنى (مۇئمىنلەرنىڭ) ئاللاھنى ياخشى كۆرگىنىدەك ياخشى كۆرىدۇ، (يەنى ئۇلۇغلايدۇ ۋە ئۇلارغا بويسۇنىدۇ). مۇئمىنلەر ئاللاھنى ھەممىدىن بەك ياخشى كۆرىدۇ﴾(2/«بەقەرە»: 165).

بۇ ئايەت ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈشنى ئىسپاتلاشقا ۋە ياخشى كۆرۈشنىڭ پەرقلىق بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاشقا دەلىلدۇر.

سەھىھ ھەدىستە بىر ئادەم پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن قىيامەت توغرۇلۇق سورىغانىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا:

— قىيامەتكە نېمە تەييارلىدىڭ؟ — دېدى. ئۇ ئادەم:

— ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! قىيامەتكە كۆپ ناماز ئوقۇش ۋە كۆپ روزا تۇتۇش بىلەن تەييارلىق قىلمىدىم، لېكىن مەن ئاللاھ تائالانى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبىرىنى ياخشى كۆرىمەن، — دېدى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ:

— سەن ياخشى كۆرگەن كىشىڭ بىلەن بىللە بولىسەن، — دېدى(1). مۇسۇلمانلار ئىسلام دىنىغا كىرگەندىن كېيىن بۇ ھەدىسكە خۇشال بولغىنىغا ئوخشاش خۇشال بولۇپ باقمىغان ئىدى.

شۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇكى، «ئۆلۈم پەرىشتىسى ئاللاھنىڭ دوستى ئىبراھىم خەلىلۇللاھنىڭ جېنىنى ئېلىش ئۈچۈن كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام پەرىشتىگە: ‹سىز بىر دوستنىڭ ئۆز دوستىنى ئۆلتۈرگىنىنى كۆرۈپ باققانمىدىڭىز؟› دەيدۇ. ئاللاھ تائالا شۇ ھامان ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ۋەھيى قىلىپ: ‹سەن بىر دوستنىڭ ئۆز دوستى بىلەن ئۇچرىشىشنى يامان كۆرگىنىنى كۆرۈپ باققانمىدىڭ؟› دەيدۇ. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام: ‹ئۇنداقتا، ئى ئۆلۈم پەرىشتىسى! جېنىمنى ئالغىن!› دەيدۇ»(2).

ھەسەن ئەلبەسرىي رەھىمەھۇللاھ: «رەببىنى تونۇغان كىشى ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ» دېگەن(3).

ئاللاھ تائالادىن باشقىنى ياخشى كۆرگەن كىشى ئاللاھ تائالانى تونۇشتا كەمچىلىكى ۋە بىلىمسىزلىكى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھ تائالانىڭ غەيرىنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەمما، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ياخشى كۆرۈشكە كەلسەك، رەسۇلى ئەكرەمنى ياخشى كۆرۈش ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرگەنلىكتىن پەيدا بولىدۇ. ئالىملارنى ۋە تەقۋالارنى ياخشى كۆرۈشمۇ ئاللاھنى ياخشى كۆرگەنلىكتىن پەيدا بولىدۇ. چۈنكى، ياخشى كۆرۈلگۈچىنىڭ ياخشى كۆرگەن ئادىمىمۇ ياخشى كۆرۈلىدۇ. بەلكى ياخشى كۆرگەن ئادىمىنىڭ قىلغان ئىشىمۇ ياخشى كۆرۈلىدۇ. ياخشى كۆرگەن ئادىمىنىڭ ئەلچىسىمۇ ياخشى كۆرۈلىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەسلىدىكى ياخشى كۆرۈشكە باغلىق. ھەقنى كۆرەلەيدىغان كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە ھەقىقەتتە ئاللاھ تائالادىن باشقا ھەقىقىي رەۋىشتە ياخشى كۆرۈلگۈچى يوقتۇر ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ھەقىقىي ياخشى كۆرۈلۈشكە لايىق زاتمۇ يوقتۇر.

ياخشى كۆرۈشكە يېگانە ئاللاھنىڭ لايىق ئىكەنلىكىنىڭ بايانى

بۇنى بىرنەچچە سەۋەبلەر بىلەن ئىزاھلاشقا بولىدۇ:

بىرىنچى سەۋەب: ئىنسان ئۆزىنى، ھايات قېلىشىنى، مۇكەممەللىكنى، مەۋجۇدلۇقىنىڭ داۋاملىشىشىنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە ھالاك بولۇش، يوقۇلۇش ۋە نۇقسانلىق بولۇشنى يامان كۆرىدۇ. بۇ بولسا ھەربىر جانلىقنىڭ تەبىئىتىدۇر. ھەربىر جانلىقنىڭ بۇ تەبىئەتتىن قۇتۇلۇشى مۇمكىن ئەمەس. بۇ ھالەت ئاللاھ ئەززە ۋەجەللەنى قاتتىق ياخشى كۆرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. چۈنكى، ئىنسان ئاللاھ تائالانى ھەقىقىي تونۇسا، ئۆزىنىڭ مەۋجۇدلۇقىنىڭ، داۋاملىق ياشاش ۋە مۇكەممەل بولۇشىنىڭ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن بولىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن يارىتىلغانلىقىنى، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنى يوقلۇقتىن بارلىققا كەلتۈرگەنلىكىنى ۋە ئۇنى يارىتىپ مۇكەممەل قىلىشتىن ئىبارەت پەزلى بولمىسا، نۇقسانلىق ھالەتتە تۇرىدىغانلىقىنى بىلىپ يېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەسەن ئەلبەسرىي رەھىمەھۇللاھ: «پەرۋەردىگارىنى تونۇغان كىشى ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ، دۇنيانىڭ ماھىيتىنى تونۇغان كىشى ئۇنىڭغا قىزىقمايدۇ» دېگەن(4).

ئىنساننىڭ ئۆزىنى ياخشى كۆرۈپ، ئۆزىنى ياراتقان پەرۋەردىگارى ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرمەسلىكى قانداقمۇ ئەقىلگە سىغسۇن! بۇنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ.

ئىككىنچى سەۋەب: ئىنسان ئۆزىگە ياخشىلىق قىلغان، كۆيۈنگەن، تەسەللى بەرگەن، ئۆزىگە ياردەم بېرىشكە ۋە دۈشمىنىنى يوقىتىشقا ئاتلانغان ۋە ئۆزىنىڭ بارلىق ئىشلىرىغا ياردەم بەرگەن كىشىنى تەبىئىي ھالدا ياخشى كۆرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئىشلارنى قىلغان كىشى ئۇنىڭ نەزەرىدە سۆيۈملۈكتۇر. ئىنسان بۇنى ھەقىقىي رەۋىشتە بىلسە، ھەقىقىي ياخشىلىق قىلغۇچىنىڭ ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ ياخشىلىقلىرىنى ھېسابلاپ بولغىلى بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئاللاھ سىلەرگە سورىغان نەرسەڭلارنىڭ ھەممىسىنى بەردى، سىلەر ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىنى ساناپ تۈگىتەلمەيسىلەر. ئىنسان، شەك ـ شۈبھىسىزكى، زۇلۇم قىلغۇچىدۇر، (ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىگە) كۇفرىلىق قىلغۇچىدۇر﴾(14/«ئىبراھىم»: 34).

ئاللاھ تائالانىڭ نېئمىتىنىڭ كۆپلۈكىگە «شۈكۈر قىلىش توغرىسىدا» دېگەن تېمىدا ئىشارەت قىلىپ ئۆتتۇق. شۇنداقتىمۇ ئېيتىشىمىز كېرەككى: كىشىلەر تەرەپتىن قىلىنغان ياخشىلىق پەقەت مەجازىي (كۆچمە مەنىدىكى) ياخشىلىقتۇر. ھەقىقەتتە بولسا ياخشىلىق قىلغۇچى ئاللاھ تائالادۇر.

بۇنىڭ بايانى: بىز بىر شەخسنى پەرەز قىلايلى، ئۇ شەخس ئۆز خەزىنىسىدىكى بار – يوقىنى ساڭا ئىنئام قىلىدۇ، خەزىنىسىدىكى نەرسىلەرنى خاھلىغانچە ئىشلىتىشىڭگە ئىمكانىيەت بېرىدۇ. سەن بۇنى شۇ شەخسنىڭ ياخشىلىقى، دەپ ئويلايسەن، ھالبۇكى بۇنداق ئويلىشىڭ خاتادۇر.

چۈنكى، ئۇنىڭ شۇ ياخشىلىقىنىڭ سەۋەبى مال ۋە مالغا بولغان ئىگىدارچىلىقى ھەمدە ئۇ كىشىنى شۇ مالنى سەرپ قىلىشقا قوزغىغان تۈرتكە بولدى. بىلىش كېرەككى، ئۇ شەخسنى يارىتىش، ئۇنىڭ مېلىنى يارىتىش، ئۇنىڭدىكى خاھىش ۋە تۈرتكىلەرنى يارىتىش بىلەن ئۇنىڭغا كىم ئىنئام قىلدى؟ كىم ئۇنىڭغا سېنى سۆيۈملۈك كۆرسەتتى؟ كىم ئۇنىڭ يۈزىنى سەن تەرەپكە قايتۇردى؟ ئۇنىڭ دىنى ۋە دۇنيالىقىنىڭ ياخشى بولۇشى ساڭا ياخشىلىق قىلىش بىلەن بولىدىغانلىقىنى ئۇنىڭ كۆڭلىگە كىم تاشلىدى؟ بۇلار بولمىسا ئىدى، ئۇ شەخس ساڭا ھېچنەرسە بەرمىگەن بولاتتى. ئۇ شەخس شۇلارنى ساڭا تاپشۇرۇشقا ھېچ قارشىلىق قىلالمايدىغان، شۇنىڭغا مەجبۇرلانغان ئادەمدەك بولۇپ قالدى. دېمەك، ياخشىلىق قىلغۇچى ئاللاھ تائالا ئۇ شەخسنى مەجبۇر قىلدى ۋە ئۇنى ساڭا بويسۇندۇرۇپ بەردى. ئۇ شەخس بولسا خۇددى ئەمىرنىڭ خەزىنىچىسىدۇر. ئەمىر ئۇنىڭغا شۇ ئىنسانغا بۇيرۇغان نەرسىنى تاپشۇرۇپ بېرىشكە بۇيرۇيدۇ. خەزىنىدار ئەمىر بېرىشكە بۇيرۇغان نەرسىنى بېرىشى بىلەن ياخشىلىق قىلغۇچى ھېسابلانمايدۇ. چۈنكى، خەزىنىدار ئەمىرگە بويسۇنۇشقا مەجبۇردۇر. ئەگەر ئەمىر ئۇنى ئۆز مەيلىگە قويسا، خەزىنىدار ئۇنى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ بەرمەيتتى. ھەرقانداق ياخشىلىق قىلغۇچى شۇنىڭغا ئوخشاشتۇر. ئەگەر ئاللاھ تائالا ئۇنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتسە، ئۇ تاكى ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ بېشىغا تۈرلۈك سەۋەبلەرنى پەيدا قىلىپ، سەرپ قىلىش ئۇنىڭغا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئۇنىڭ كۆڭلىگە سالمىغۇچە باشقىلارغا بىر تال دانمۇ بەرمىگەن بولاتتى. شۇڭا، ئاللاھ تائالانى ھەقىقىي تونۇغۇچى پەقەت ئاللاھ تائالانىلا ياخشى كۆرۈشى كېرەك. چۈنكى، ئاللاھ تائالانىڭ غەيرىدىن ئۆز مەيلىچە ياخشىلىق كېلىشى مۇمكىن ئەمەس.

ئۈچىنچى سەۋەب: ياخشىلىق قىلغۇچىنىڭ ياخشىلىقى ساڭا يەتمىگەن تەقدىردىمۇ ياخشىلىق قىلغۇچى ئەسلىدىلا ئىنسانلارنىڭ تەبىئەتلىرىگە سۆيۈملۈكتۇر. چۈنكى، سەن «بىر پادىشاھ بار بولۇپ، ئالىم، ئادىل ۋە ئابىد ئىكەن، خەلقىگە مېھرىبان ئىكەن ۋە ئۇلارغا كۆيىنىدىكەن» دەپ ئاڭلىساڭ، ئۇ پادىشاھ بەك يىراقتا بولسىمۇ سەن ئۇنى ياخشى كۆرىسەن. قەلبىڭدە ئۇنىڭغا كۆپ مايىللىقنى سېزىسەن. بۇ بولسا ياخشىلىق قىلغۇچىنى — ساڭا ياخشىلىق قىلغۇچى بولمىسىمۇ — ئۇنىڭ ياخشلىق قىلغۇچى بولغانلىقى ئۈچۈنلا ياخشى كۆرۈشتۇر. مانا بۇ ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈشنى، شۇنداقلا ھەقتائالادىن باشقىنى ياخشى كۆرمەسلىكنى تەلەپ قىلىدىغان سەۋەبتۇر.

ئاللاھ تائالادىن باشقىسىنى ياخشى كۆرسىمۇ، مەلۇم سەۋەب يۈزىدىن ياخشى كۆرىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ تائالا بارلىق مەخلۇقاتلارغا ئۇلارنىڭ زۆرۈر ھاجەتلىرى ۋە باياشات ياشاش سەۋەبلىرىنى، ئۇلارنىڭ ئەزالىرىنى مۇكەممەل قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن باشقىمۇ ساناقسىز نېئمەتلەرنى يارىتىش بىلەن ئۇلارغا ياخشىلىق قىلغۇچىدۇر.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئاللاھ سىلەرگە سورىغان نەرسەڭلارنىڭ ھەممىسىنى بەردى، سىلەر ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىنى ساناپ تۈگىتەلمەيسىلەر، ئىنسان، شەك ـ شۈبھىسىزكى، زۇلۇم قىلغۇچىدۇر، (ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىگە) كۇفۇرلۇق قىلغۇچىدۇر﴾(14/«ئىبراھىم»: 34). شۇنداق ئىكەن، ئاللاھ تائالادىن باشقىسى قانداقمۇ ھەقىقىي ياخشىلىق قىلغۇچى بولسۇن! ئۇ ياخشىلىق قىلغۇچى پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ قۇتلۇق ياخشىلىقلىرىدىن بىر ياخشىلىقتۇر. كىمكى بۇنى بىلسە، پەقەت ئاللاھ تائالانىلا ئەڭ ياخشى كۆرىدۇ.

ھەمدە دەيمىزكى: بىر كىشى «ئىلىملىك ۋە قۇدرەتلىك» دەپ تەرىپلەنسە ياكى ئۇ كىشى ناچار خۇلقلاردىن پاك كىشى بولسا، بۇ ھەم ئۇ كىشىنى ياخشى كۆرۈشكە سەۋەب بولىدۇ.

قەلبلەر تەبىئىي ھالدا ياخشى كۆرىدىغان سىددىقلارنىڭ سۈپەتلىرى ئۇلارنىڭ ئاللاھ تائالانى، پەرىشتىلىرىنى، كىتابلىرىنى، پەيغەمبەرلىرىنى ۋە پەيغەمبەرلىرىنىڭ شەرىئەتلىرىنى بىلىشىكە ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئىسلاھ قىلىش، ناچار، رەزىل خۇلقلاردىن پاك بولۇشقا قادىر بولۇشلىرىدۇر. ئۇشبۇ سۈپەتلەر سەۋەبلىك پەيغەمبەرلەر ياخشى كۆرۈلىدۇ. پەيغەمبەرلەردىكى بۇ سۈپەتلەرنى ئەگەر ئاللاھ تائالانىڭ سۈپەتلىرى بىلەن سېلىشتۇرساڭ، بۇ سۈپەتلەرنىڭ نەقەدەر ئاجىز سۈپەتلەر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىسەن.

ئىلىمگە كەلسەك، ئاۋۋالقىلارنىڭ ۋە كېيىنكىلەرنىڭ ئىلمى بارلىق نەرسىلەرنى تولۇق بىلىدىغان ئاللاھ تائالانىڭ ئىلمىدىن كېلىدۇ. ﴿ئاللاھ غەيبنى بىلگۈچىدۇر، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى زەررە چاغلىق نەرسە ئاللاھتىن يىراق ئەمەستۇر، ئۇنىڭ (يەنى زەررە) دىن كىچىكرەك نەرسە بولسۇن، چوڭراق نەرسە بولسۇن، لەۋھۇلمەھپۇزدا خاتىرىلەنمىگىنى يوقتۇر﴾(34/«سەبەﺋ»: 3). ئاللاھ تائالا بارلىق مەخلۇقاتلارغا خىتاب قىلىپ: ﴿سىلەرگە پەقەت ئازغىنا ئىلىم بېرىلگەندۇر﴾(17/«ئىسراﺋ»: 85) دېگەن.

ئەگەر ئاسمان ۋە زېمىن ئەھلى ئاللاھ تائالانىڭ بىر چۈمۈلىنى يارىتىشتىكى ياكى بىر تال پاشىنى يارىتىشتىكى تەپسىلى ھېكمىتىنى تولۇق بىلىش ئۈچۈن توپلانغان تەقدىردە ئاللاھ تائالانىڭ ئىلىم ۋە ھېكىمىتىنىڭ ئوننىڭ بىرىنىمۇ بىلەلمەيدۇ. ﴿ئۇلار ئاللاھنىڭ ئىلمىدىن (ئاللاھ) ئۇلارغا بىلدۈرۈشنى خاھلىغان نەرسىلەردىن (پەيغەمبەرلەرنىڭ تىلى ئارقىلىق بىلدۈرگەن نەرسىلەردىن) باشقا ھېچنەرسىنى بىلمەيدۇ﴾(2/«بەقەرە»: 255).

بارلىق مەخلۇقاتلار ئۆزلىرى بىلگەن ئازغىنە ئىلىمنى ئاللاھ تائالانىڭ بىلدۈرۈشى بىلەن بىلگەندۇر. دېمەك، ئاللاھ تائالانىڭ ئىلمىنىڭ بارلىق مەخلۇقاتلارنىڭ ئىلمىدىن ئارتۇقلۇقى چەكسىزدۇر، ئاللاھ تائالانىڭ بىلىم – مەلۇماتلىرىنىڭ پايانى يوقتۇر.

قادىر بولۇش سۈپىتىگە كەلسەك، قادىر بولۇشمۇ ھەم مۇكەممەللىك سۈپىتىدۇر. بارلىق مەخلۇقاتلارنىڭ قۇدرىتىنى ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتىگە مەنسۇپ قىلغىن، چۈنكى كۈچ – قۇۋۋەت جەھەتتە ئەڭ بۈيۈك، مۈلۈك جەھەتتە ئەڭ كەڭرى، جازالاش جەھەتتە ئەڭ قاتتىق، ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى باشقۇرۇشقا كۈچى يېتەرلىك بىر كىشىنىڭ قۇدرىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى ئۆزىنىڭ بەزى سۈپەتلىرىگە ۋە ئىنسانلارنىڭ بەزى ئىشلاردىكى سىنىقىغا ئىگە بولۇشتۇر. شۇنداقتىمۇ ئۇ: ﴿ئۆزىدىن بىرەر زىياننى دەﻓﺌ قىلالمايدۇ. ئۆزلىرىگە بىرەر پايدىنى كەلتۈرەلمەيدۇ، (باشقىلارنىڭ) جېنىنى ئېلىشقا، (باشقىلارغا) ھايات بېغىشلاشقا ياكى (ئۆلۈكلەرنى) تىرىلدۈرۈشكە قادىر بولالمايدۇ﴾(25/«فۇرقان»: 3).

بەلكى ئۇ كۆزىنى قارىغۇ بولۇپ قېلىشتىن ياكى تىلىنى گاچىلىقتىن، ياكى قۇلىقىنى گاسلىقتىن ۋەياكى تېنىنى كېسەل بولۇشتىن ساقلىيالمايدۇ. مەخلۇقاتلاردىن زەررىنى پەيدا قىلىشقا قادىر بولالمايدۇ. ئۇ شەخس ئۆزى ۋە باشقىلار توغرىسىدا قادىر بولغان ئىشلاردىكى قۇدرىتىمۇ ئۆزىدىن ئەمەس. بەلكى ئاللاھ ئۇنى، قۇدرىتىنى ۋە سەۋەبلىرىنى ياراتقۇچى، ئۇنىڭغا مۇمكىنچىلىك بەخش ئەتكۈچىدۇر. ئەگەر ئاللاھ تائالا زېمىندىكى ئەڭ كۈچلۈك ۋە ئەڭ بۈيۈك بىر پادىشاھقا بىر تال پاشىنى مۇسەللەت قىلىدىغان بولسا، ئۇ پاشا ئۇنى ھالاك قىلغان بولاتتى. دېمەك، بەندە پەرۋەردىگارى ئۆزىگە كۈچ – قۇدرەت بەرگەندىلا ئۇ كۈچ – قۇدرەتكە ئىگە بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا زېمىندىكى ئەڭ چوڭ پادىشاھلاردىن بىرى بولغان زۇلقەرنەين ھەققىدە: ﴿ئۇنىڭغا بىز زېمىندا ھەقىقەتەن كۈچ – قۇدرەت ئاتا قىلدۇق، ئۇنىڭغا ئۆز مەقسىتىگە يېتىشنىڭ پۈتۈن يوللىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەردۇق﴾(18/«كەھف»: 84) دېگەن.

دېمەك، ئۇنىڭ بارلىق مۈلكى ۋە ھۆكۈمرانلىقى ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنىڭغا كۈچ – قۇدرەت ئاتا قىلغانلىقى بىلەن بارلىققا كەلگەن. بارلىق مەخلۇقاتلارنى باشقۇرۇش ئاللاھ تائالانىڭ ئىلكىدىدۇر ۋە كامالى قۇدرىتى ئىچىدىدۇر. ئەگەر ئۇلارنى ئاللاھ تائالا ھالاك قىلسا، ئاللاھ تائالانىڭ مۈلكى ۋە ھۆكۈمرانلىقىدىن زەررىچىلىك نەرسە كېمىيىپ كەتمەيدۇ. ئاللاھ تائالا بارلىق مەخلۇقاتلارنىڭ مىڭ ئوخشىشىنى ياراتسىمۇ، مەخلۇقاتلىرىغا پەرۋا قىلىپ قالمايدۇ. ئاللاھ تائالادىن باشقا قادىر زات يوقتۇر. ھەقىقىي مۇكەممەللىك، بۈيۈكلۈك، گۈزەللىك، ئۇلۇغلۇق، (مۇتلەق) بويسۇندۇرۇش ۋە ئىگىدارچىلىق قىلىش ئاللاھ تائالاغىلا خاستۇر. ئەگەر قۇدرەت ئىگىسى بىرىنى قۇدرىتى، بۈيۈكلۈكى ۋە مۇكەممەل ئىلمى ئۈچۈن ياخشى كۆرۈش تەسەۋۋۇر قىلىنسا، بۇ ياخشى كۆرۈشكە ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچكىم لايىق بولمايدۇ. مۇكەممەل پاكلىق ۋە مۇقەددەسلىك پەقەت ئاللاھ تائالاغىلا خاستۇر. ئاللاھ تائالا تەڭدىشى يوق يېگانە زاتتۇر. رەقىبى يوق بىر زاتتۇر. ئۇنىڭدىن ئىلاھلىقنى تالاشقۇچى يوق، ھېچنېمىدىن بىھاجەت زاتتۇر. ئاللاھ تائالا خاھلىغىنىنى قىلىدۇ، خاھلىغان بويىچە ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ ھۆكمىنى رەت قىلىپ قايتۇرغۇچى ۋە ئۇنىڭ قازاسىنى كېچىكتۈرگۈچى يوقتۇر. ئۇنىڭ ئىلمىدىن ئاسمان – زېمىندىكى زەررە چاغلىق نەرسە چۈشۈپ قالمايدىغان، ھەممىنى تولۇق بىلىپ تۇرىدىغان زاتتۇر.

دېمەك، ئارىفلارنىڭ ئىلمىنىڭ مۇكەممەللىكى ئاللاھ تائالانى تونۇشتىن ئاجىز ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشتىدۇر. ئۇ ئاللاھ ئەسلا ھېچبىر شېرىكى بولمايدىغان دەرىجىدە مۇكەممەل ياخشى كۆرۈشكە لايىق زاتتۇر.

 

ئىمام ئىبنى قۇدامە ئەلمەقدىسىينىڭ: «مۇختەسەرۇ مىنھاجۇل قاسىدىن» كىتابىدىن.

تەرجىـــمە قىلـــــغۇچى: ئابدۇللاھ ئابدۇلمەجىد


1. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6171)؛ مۇسلىم (2639). ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
2. ئەبۇ نۇئەيم: «ھىليەتۇل ئەۋلىياﺋ»، 10/9. سەنەدى ئىنتايىن زەئىف.
3. ئىمام ئەھمەد: «ئەززۇھد»، (1590).
4. يۇقىرىقى مەنبە.

Please follow and like us: