زاھىدلىق ۋە يوقسۇللۇق، زاھىدلىقنىڭ ھەقىقىتى، پەزىلىتى، ئۇنىڭ دەرىجىلىرى ۋە قىسىملىرى

زاھىدلىق ۋە يوقسۇللۇق، زاھىدلىقنىڭ ھەقىقىتى، پەزىلىتى، ئۇنىڭ دەرىجىلىرى ۋە قىسىملىرى

شۇنى بىلگىنكى، دۇنيانى ياخشى كۆرۈش كۈللى خاتالىقلارنىڭ بېشىدۇر. دۇنيانى يامان كۆرۈش بولسا بارچە تائەت – ئىبادەتنىڭ ئۇلىدۇر. ئىلگىرى سۆزلەنگەن «ھالاك قىلغۇچى ئىشلار» قىسىمىدا دۇنيانىڭ خۇش كۆرۈلمەيدىغانلىقى بارىدا سۆزلەندى. بىز نۆۋەتتە دۇنيانى يامان كۆرۈشنىڭ پەزىلىتى ۋە دۇنيادا زاھىد بولۇشنىڭ ئەردەمى ھەققىدە سۆزلەيمىز. چۈنكى، ئۇ ئازابتىن قۇتقۇزىدىغان ئىشلارنىڭ بېشىدۇر. دۇنيانى تاشلاش دۇنيانىڭ بەندىدىن يىراقلىشىشى بىلەن بولسا، بۇ «يوقسۇللۇق» دەپ ئاتىلىدۇ؛ ئەگەر بەندىنىڭ دۇنيادىن يىراقلىشىشى بىلەن بولسا، بۇ «زاھىدلىق» دەپ ئاتىلىدۇ. ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئىنساننى بەختكە ئېرىشتۈرۈشتە دەرىجىسى، ئۇنىڭغا دوزاختىن قۇتۇلۇشقا ياردەم بېرىشتە ۋە ئۇنى جەننەتكە ئېرىشتۈرۈشتە ھەسسىسى بولىدۇ.

بىز يوقسۇللۇق ۋە زاھىدلىق، ئىككىسىنىڭ دەرىجىلىرى، قىسىملىرى ۋە ئىككىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلار توغرىسىدا ئىككى بابقا بۆلۈپ سۆزلەيمىز.

 

بىرىنچى باب يوقسۇللۇق توغرىسىدا

يوقسۇللۇقنىڭ ھەقىقىتى، يوقسۇل كىشىنىڭ ھال ۋە ئاتاقلىرىنىڭ بىر – بىرىگە ئوخشىمايدىغانلىقىنىڭ بايانى
شۇنى بىلگىنكى، يوقسۇل دېمەك بىر نەرسىگە موھتاج بولغۇچى دېمەكتۇر. ئاللاھ تائالادىن ئۆزگە ھەرقانداق مەخلۇق باشقا نەرسىگە موھتاجدۇر. چۈنكى، ئۇ مەخلۇق مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇشقا موھتاجدۇر. مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇش ئاللاھ تائالانىڭ پەزلىدىن كېلىدۇ.

بەندىنىڭ تۈرلۈك ھاجەتلىرىگە قوشۇمچە بولغان ئېھتىياجى سان – ساناقسىزدۇر. ھاجەتلەر ئىچىدە مال بىلەن قانائەت تاپىدىغان ھاجەتلەر بولىدۇ. ئىنسان كەمبەغەل بولۇپ قالغاندا، ئۇنىڭدا تۆۋەندىكى بەش ھالەت بولۇشى مۇمكىن:

بىرىنچى ھالەت: كەمبەغەل كىشى ئۆزىگە بىرەر مال كەلسە، ئۇنى خاھلىماي، ئۇنىڭدىن مالامەت تارتىپ، مالنىڭ يامانلىقى ۋە تائەت – ئىبادەتتىن مەشغۇل قىلىشىدىن ساقلىنىپ ئۇنى ئېلىشتىن قېچىش. بۇ ھالەت ئىگىسى«زاھىد» دەپ ئاتىلىدۇ.

ئىككىنچى ھالەت: مالغا قىزىقماسلىق، لېكىن مالغا ئېرىشىپ قالسا سۆيۈنۈش، مالامەت تارتىش دەرىجىدە مالنى يامان كۆرمەسلىك. بۇ ھالەت ئىگىسى «مەمنۇن بولغۇچى» دەپ ئاتىلىدۇ.

ئۈچىنچى ھالەت: مالغا قىزىقىشى بولغانلىقى ئۈچۈن، مالنىڭ بار بولۇشى يوقلۇقىدىن سۆيۈملۈك بولۇش. لېكىن، مالغا قىزىقىشى بولغان بىلەن ئۇنىڭ يولىدا تىرىشماسلىق، بەلكى كۆپ مال كەلسە ياكى باشقىلار كەڭ قوللۇق قىلىپ مال بەرسە، مالنى خۇشاللىق بىلەن ئېلىش. مۇشەققەت بىلەن ئېرىشىلىدىغان مال ئۈچۈن ئاۋارە بولماسلىق. بۇ ھالەت ئىگىسى «قانائەت قىلغۇچى» دەپ ئاتىلىدۇ.

تۆتىنچى ھالەت: مال تېپىشتىن ۋاز كېچىش قۇربى يەتمىگەنلىكىدىن بولۇش، ئەگەر قۇربى يەتسە مالغا قىزىقىش ۋە ئىشلەپ چارچاپ تۇرۇپ مال تېپىشقا يول تاپسا، ئۇنى جاپادىن قورقماي تېپىش. بۇ ھالەت ئىگىسى «مالغا ھېرىسمەن كىشى» دەپ ئاتىلىدۇ.

بەشىنچى ھالەت: يېمەك – ئىچمەكنى يوقىتىپ قويغان ئاچ قورساق كىشى ياكى كىيىم – كېچەكنى يوقىتىپ قويغان يالىڭاچ كىشىگە ئوخشاش ئۆزى ئېھتىياجلىق نەرسىنى تېپىشقا مەجبۇرلانغان كىشىگە ئوخشاش بولۇپ قېلىش. بۇنداق ھالەت ئىگىسى ئۆزىگە كېرەكلىك نەرسىنى تەلەپ قىلىشتىكى قىزىقىشى ئاجىز بولسۇن ياكى كۈچلۈك بولسۇن «ئىلاجىسز قالغان كىشى» دەپ ئاتىلىدۇ.

بۇ بەش ھالەتنىڭ ئەڭ ئەلاسى زاھىدلىقتىن ئىبارەت بىرىنچى ھالەتتۇر. بۇنىڭ كەينىدە ئۇنىڭدىنمۇ ئەلا بىر ھالەت بار. ئۇ بولسا بىر كىشىنىڭ يېنىدا مال بولۇشى بىلەن مال بولماسلىقنىڭ بەرىبىر بولۇش ھالىتىدۇر. بۇنداق كىشى مال تاپسا، ئۇنىڭدىن خۇشال بولۇپ كەتمەيدۇ، تاپالمىسا ئەلەم تارتمايدۇ. بىز ئىلگىرى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلدۇقكى: «ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا ئىككى كىچىك خالتىدا مال كەلگەنىدى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇنى شۇ كۈنىلا تارقىتىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا ئۇنىڭ ئايال خىزمەتچىسى:

— سىز بۈگۈن تەقسىم قىلغان پۇللاردىن بىر تەڭگىگە بىز ئىپتار قىلغۇدەك گۆش سېتىۋالغان بولسىڭىزچۇ، — دېگەنىدى، ئائىشە ئۇنىڭغا:

— ئەگەر ئېسىمگە سالغان بولسىڭىز سېتىۋالاتتىم، — دېدى»(1).

بىر كىشىنىڭ ئەھۋالى بۇ ھالەتتە بولسا، پۈتۈن دۇنيا ئۆز قولىدا بولغان تەقدىردىمۇ دۇنيا ئۇنىڭغا زىيان سالالمايدۇ. چۈنكى، ئۇ كىشى ماللارنى ئۆزىنىڭ قولىدا ئەمەس، بەلكى ئاللاھنىڭ خەزىنىسىدە دەپ قارايدۇ. بۇ ھالەت ئىگىسى «بىھاجەت بولغۇچى» دەپ ئاتىلىشى كېرەك. چۈنكى، ئۇ كىشى مالنىڭ يوق بولۇشى بىلەن تامامەن بىھاجەتتۇر. زاھىد كىشى دۇنيا بار بولسۇن ياكى يوق بولسۇن دۇنياغا قىزىقمىسا، بۇ ئەڭ مۇكەممەللىكتۇر.

ئەھمەد ئىبنى ئەبىلھەۋارىي رەھىمەھۇللاھ ئەبۇ سۇلايمان ئەددارانىيغا مۇنداق دېگەن: «مالىك ئىبنى دىنار مۇغىرەگە:

— ئۆيگە بارغىن، سەن ماڭا ھەدىيە قىلغان زاكات مالنى ئالغىن، چۈنكى شەيتان ماڭا مالنى ئوغرى ئالدى دەپ ۋەسۋەسە قىلىۋاتىدۇ، — دېگەنىدى، ئەبۇ سۇلايمان:

— بۇ بولسا زاھىدلىقنىڭ ئاجىزلىقىدىندۇر، — دېدى».

ئۇ كىشى ئالغان دۇنيالىقىدىن ئۆزىنىڭ زىيىنىغا بولغان نەرسىدىن يۈز ئۆرىدى. شۇڭا، مالدىن قېچىش ۋە مالغا قىزىقماسلىق مال ئازدۇرۇپ كېتىشىدىن قورقىدىغان ئاجىز كىشىلەر ھەققىدە مۇكەممەللىكتۇر. كۈچلۈك پەيغەمبەرلەرگە مالنىڭ بولۇشى بىلەن ئۇنىڭ بولماسلىقى بەرىبىردۇر. بەزىدە كۈچلۈك ئادەم ئاجىز ئادەملەر مالنى تەرك ئېتىشتە ئۆزىگە ئەگىشىشى ئۈچۈن مالدىن قاچقاندەك كۆرۈنىدىغانلىقىنى ئاشكارا قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.

پەسىل يوقسۇللۇقنىڭ پەزىلىتى ۋە يوقسۇللۇقنىڭ بايلىقتىن ئەۋزەل ئىكەنلىكى توغرىسىدا
بۇ ھەقتىكى ئايەتلەرگە كەلسەك، ئاللاھ تائالا يوقسۇللارنى ماختاپ دېگەنكى: ﴿ئۆزىنى ئاللاھ يولىغا ئاتىغان، (تىرىكچىلىك قىلىش ئۈچۈن) يىراق جايلارغا بارالمايدىغان يوقسۇللارغا خەير ـ ئېھسان قىلىنىشى كېرەك. ئەھۋالنى ئۇقمىغانلار، ئۇلارنىڭ نەرسە تىلىمىگەنلىكلىرىگە قاراپ، ئۇلارنى باي دەپ گۇمان قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ چىرايىدىن تونۇيسەن، ئۇلار كىشىلەرگە چاپلىشىۋېلىپ تىلەمچىلىك قىلمايدۇ، مېلىڭلاردىن نېمىنى خەير ـ ئېھسان قىلماڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇنى بىلگۈچىدۇر﴾(2/«بەقەرە»: 273).

﴿(ئۇ غەنىيمەتنىڭ بىر قىسمى) دىيارىدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان، مال ـ مۈلكىدىن ئايرىلغان پېقىر مۇھاجىرلارغا خاستۇر، ئۇلار ئاللاھنىڭ پەزلىنى ۋە رازىلىقىنى تىلەيدۇ، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىدۇ، ئەنە شۇلار (ئىماندا) سادىق ئادەملەردۇر﴾(59/«ھەشر»: 8).

بۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىسلەرمۇ كۆپتۇر. جۈملىدىن: «سەھىھەين»دە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «جەننەتنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا تۇرۇپ قارىسام، ئۇنىڭغا كىرگەنلەرنىڭ كۆپچىلىكى كەمبەغەل – بىچارىلەر ئىكەن، بايلار بولسا (ھېساب – كىتابلىرى ئۇزىراپ كەتكەچكە مەھشەرگاھتا) توختىتىلىپ تۇرۇپتۇ»(2).

«سەھىھەين»دىكى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئى ئاللاھ! مۇھەممەدنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ رىزقىنى ئۇدۇللۇق يەتكۈدەك ئوزۇقلۇق قىلغايسەن» دەپ دۇئا قىلغان(3).

«سەھىھەين»دە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتى مەدىنىگە كەلگەندىن تارتىپ تاكى رەسۇلۇللاھ ۋاپات بولغانغا قەدەر ئۈچ كۈن ئۇدا بۇغداي تامىقىغا تويۇپ باقمىغان»(4).

ئىمام مۇسلىم ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى: «مەن رەسۇلۇللاھنى قورسىقىنى تويغۇزغۇدەك ناچار خورمىمۇ تاپالماي، كۈن بويى تولغانغان ھالىتىدە كۆرەتتىم»(5).

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «يوقسۇل مۇئمىنلەر باي مۇئمىنلەردىن 500 يىل ئىلگىرى جەننەتكە كىرىدۇ» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان(6). تىرمىزىي «سەھىھ ھەدىس» دېگەن.

رەسۇل ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا: «بايلار بىلەن ئولتۇرۇشتىن ساقلىنىڭ» دېگەن(7).

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە دېگەنكى: «قىيامەت كۈنى بىر بەندە كەلتۈرۈلىدۇ، ئاندىن ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا خۇددى دۇنيادا بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمگە ئۆزرە ئېيتقاندەك ئۆزرە ئېيتىپ:

— كامالى قۇدرىتىم ۋە بۈيۈكلۈكۈم بىلەن قەسەمكى، مەن سېنى خارلاش ئۈچۈن دۇنيانى سەندىن يىراق قىلمىدىم، بەلكى ساڭا تەييارلانغان ئىززەت – ھۆرمەت ئۈچۈن، دۇنيانى سەندىن يىراق تۇتتۇم. ئى بەندەم! بۇ سەپلەرگە چىققىن، كىمكى مېنىڭ رازىلىقىمنى تىلەپ ساڭا تاماق بەرگەن، كىيىم بەرگەن بولسا ئۇنىڭ قولىنى تۇتقىن، ئۇ سېنىڭدۇر، — دەيدۇ»(8).

مۇسا ئەلەيھىسسالامغا مۇنداق دېيىلدى: «ئەگەر يوقسۇللۇقنىڭ ساڭا يۈزلەنگىنىنى كۆرسەڭ، ‹سالىھلارنىڭ ئالامىتى خۇش كەپسىز› دېگىن. بايلىقنىڭ ساڭا يۈزلەنگىنىنى كۆرسەڭ، ‹جازاسى ئالدىرىتىلغان گۇناھ› دېگىن».

ئەبۇددەرداﺋ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «ئىككى تەڭگە ئىگىسى بىر تەڭگە ئىگىسىدىن قاتتىقراق ھېساب بېرىدۇ» دېگەن.

سۇفيان سەۋرىي رەھىمەھۇللاھنىڭ سورۇنىدا يوقسۇللار بايلارنىڭ ئالدىدا تۇراتتى.

بىر ئادەم ئىبراھىم ئىبنى ئەدھەمنىڭ يېنىغا ئون مىڭ تەڭگە ئېلىپ كەلدى، لېكىن ئىبراھىم ئۇنى قوبۇل قىلماي: «سەن مېنى يوقسۇللارنىڭ تىزىملىكىدىن ئۆچۈرۈۋېتەي دەمسەن؟! ئالمايمەن» دېدى.

رەسۇلۇللاھ: «ئىسلامغا ھىدايەت قىلىنغان، يېتەرلىك رىزىقتا تۇرمۇش كەچۈرىدىغان ۋە ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە بەرگەن نەرسىگە قانائەت قىلىدىغان كىشى سۆيۈنسۇن»(9) دېگەن.

بىز «قانائەت قىلىش ھەققىدە»، «ھېرىسمەنلىك ۋە تەمەخورلۇقنىڭ ئەيىبلىنىدىغانلىقى» ۋە «مالنىڭ ئەيىبلىنىدىغانلىقى» دېگەن تېمىلاردا بۇ ھەقتكى مەزمۇنلارنى بايان قىلدۇق. بۇ يەردە ئۇنى قايتا سۆزلەپ ئولتۇرمايمىز. قاتتىق سەبر قىلىش بىلەنلا قانائەت قىلىشقا قادىر بولغىلى بولىدۇ.

باي بىلەن يوقسۇلنىڭ قايسىسىنىڭ پەزىلەتلىك ئىكەنلىكى توغرىسىدا
باي بىلەن يوقسۇلنىڭ قايسىسىنىڭ پەزىلەتلىك ئىكەنلىكىگە كەلسەك، ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ زاھىرى يوقسۇل كىشىنىڭ بايدىن پەزىلەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، لېكىن بۇ يەردە بۇ ھەقتە تەپسىلى سۆزلەش لازىم. بىز دەيمىزكى: مالغا ھېرىس ئەمەس يوقسۇل بىلەن، مېلىنى ياخشلىق يوللىرىغا سەرپ قىلىدىغان شۈكۈر قىلغۇچى باي ئىككىسىدىن قايسىسىنىڭ ياكى مالغا ھېرىس يوقسۇل بىلەن دۇنياپەرەست باي ئىككىسىدىن قايسىسىنىڭ ئەۋزەل ئىكەنلىكى بارىدا پىكىر ئىختىلاپى بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، قانائەتچان يوقسۇلنىڭ مېلىنى چىڭ تۇتۇۋالىدىغان بېخىل بايدىن ئەۋزەللىكى ۋە مېلىنى ياخشىلىق يوللىرىغا سەرپ قىلىدىغان باينىڭ مالغا ھېرىسمەن يوقسۇلدىن ئەۋزەللىكى ھېچكىشىگە مەخپىي ئەمەس. ئەگەر باي كىشى مېلى بىلەن مۇباھ ئىشلاردا مەنپەئەتلىنىدىغان باي بولسا، ئۇنىڭدىن قانائەتچان يوقسۇل ئەۋزەلدۇر.

بۇ ھەقتە ئوچۇق سۆزلىسەك: ئۆزىنى دەپ ئەمەس، باشقا نەرسە ئۈچۈن كۆزلىنىدىغان نەرسە مەقسەت قىلىنىدىغان نەرسىگە قوشۇۋېتىلىشى كېرەك. چۈنكى، شۇنىڭ بىلەنلا ئۇنىڭ پەزىلىتى نامايەن بولىدۇ. دۇنيادىن ھەزەر ئەيلەشمۇ دۇنيانىڭ ئۆزى سەۋەبلىك ئەمەس. بەلكى دۇنيا ئاللاھ تائالاغا يېتىشكە توسالغۇ بولغانلىقى ئۈچۈندۇر. يوقسۇللۇقمۇ ئۆزى سەۋەبلىك كۆزلەنمەيدۇ. بەلكى، ئاللاھ تائالاغا يېتىشكە توسالغۇ بولغان توسۇقنى يوقىتىش ۋە ئۇ توسۇق بىلەن ئاۋارە بولماسلىق ئۈچۈن كۆزلىنىدۇ.

سۇلايمان ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاش نۇرغۇن بايلار باركى، بايلىقى ئۇلارنى ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىشتىن يىراقلاشتۇرمىغان ئىدى. ئوسمان ۋە ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇملارمۇ شۇنداق ئىدى.

نۇرغۇن يوقسۇل كىشىلەر باركى، يوقسۇللۇقى ئۇنى كېرەكلىك تائەت – ئىبادەتلەردىن توسىدۇ، شۇنداقلا ئۇنى ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈش ۋە ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىق قىلىشتىن قايتۇرىدۇ. ئۇنى بىردىنبىر مەشغۇل قىلىدىغان نەرسە بولسا ئۇنىڭ دۇنيانى ياخشى كۆرۈشىدۇر. چۈنكى، دۇنيانى ياخشى كۆرۈش بىلەن ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈش ئىككىسى ھەرگىزمۇ بىر يەرگە جەم بولمايدۇ. چۈنكى، بىرنەرسىنى ياخشى كۆرگۈچى شۇ نەرسىدىن ئايرىلسۇن ياكى ئۇ نەرسىنىڭ ۋىسالىغا يەتسۇن، بەرىبىر شۇ نەرسە بىلەن مەشغۇل بولىدۇ، بەلكى بەزىدە ئايرىلغاندا، ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ بېرىلىدۇ.

دۇنيا بولسا غاپىل كىشىلەرنىڭ مەشۇقىدۇر. يەنى دۇنيادىن مەھرۇم قالغان كىشى ئۇنىڭ كويىغا چۈشىدۇ. دۇنيا يىغىشقا قادىر بولغان كىشى ئۇنى ساقلاش ۋە ئۇنىڭ بىلەن بەھرىمەن بولۇش بىلەن مەشغۇل بولىدۇ.

ئەگەر بۇ ئىشقا تېخىمۇ بەك ئېتىبار بەرمەكچى بولساڭ، بىلگىنكى، يوقسۇل كىشى خەتەردىن يىراقتۇر. چۈنكى، كەڭرىچىلىك پىتنىسى تارچىلىق پىتنىسىدىن قاتتىق بولىدۇ. يوقسۇللۇق ئارقىلىق گۇناھلاردىن سالامەت قالغىلى بولىدۇ. ئاز بىر قىسىم كىشىلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا، كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ تەبىئىتى بايلىققا مايىل بولغانلىقى ئۈچۈن، شەرىئەتتە بايلىقنى ئەيىبلەش ۋە يوقسۇللۇقنىڭ پەزىلىتىنى بايان قىلىش ھەققىدە ئايەت ۋە ھەدىسلەر كەلدى. يوقسۇللۇقنىڭ پەزىلىتى ھەققىدىكى دەلىللەر ئىلگىرى سۆزلەندى.

يوقسۇللۇقنىڭ پەزىلىتىنى بايان قىلىدىغان ھەدىسلەردىن، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «دۇنيادا باي ۋە يوقسۇل بولغان ئىككى مۇئمىن جەننەتتە ئۇچرىشىپ قالىدۇ، يوقسۇل مۇئمىن جەننەتكە كىرگۈزۈلىدۇ، باي مۇئمىن بولسا ئاللاھ خاھلىغان مۇددەتكىچە جەننەتكە كىرىشتىن توختىتىلىپ قويۇلۇپ، ئاندىن جەننەتكە كىرگۈزۈلىدۇ. يوقسۇل مۇئمىن ئۇنىڭغا جەننەتنىڭ ئىشىكى ئالدىدا يولۇقۇپ:

— ئى قېرىندىشىم! سېنى جەننەتكە كىرىشتىن نېمە توختىتىپ قويدى، سەن توختىتىلىپ قويۇلغاندىن كېيىن، سەندىن بەك ئەنسىرىدىم، — دەيدۇ. باي مۇئمىن:

— ئى قېرىندىشىم! سەن كەتكەندىن كېيىن، مەن ناھايىتى قورقۇنچلۇق بىر ئورۇندا توختىتىلدىم، سېنىڭ يېنىڭغا بەدىنىمدىن ئاللاھ تائالادىن قورقۇپ چۈچۈمەل ئۆسۈملۈك يېگەن تۆگىلەردىن مىڭ تۆگە ئىچىسىمۇ قانغۇدەك دەرىجىدە ناھايىتى كۆپ تەر ئاققاندىن كېيىن كەلدىم، — دەيدۇ»(10).

شۇنى بىلگىنكى، ياخشى كۆرگەن مەھبۇبىدىن ئايرىلىش قىيىن ئىشتۇر. سەن دۇنيانى ياخشى كۆرسەڭ، ئاللاھ تائالا بىلەن ئۇچرىشىشنى يامان كۆرىسەن. شۇ سەۋەبتىن، سېنىڭ ئۆلۈم بىلەن ئۇچرىشىشىڭ سەن ياخشى كۆرگەن نەرسەڭدىن ئايرىلىشىڭ ۋە يامان كۆرگەن نەرسىگە قۇچاق ئېچىشىڭدۇر. مەھبۇبىدىن ئايرىلغان ھەرقانداق كىشىنىڭ ئازابى مەھبۇبىغا بولغان مۇھەببىتى ۋە ئۇنىڭ بىلەن قۇرغان مۇناسىۋىتىنىڭ مىقدارىچە قاتتىق ياكى يەڭگىل بولىدۇ. شۇڭا، سەندىن ئايرىلىپ كەتمەيدىغان زات ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈشۈڭ ۋە سەندىن ئايرىلىپ كېتىدىغان ئۆتكۈنچى دۇنيانى ياخشى كۆرمەسلىكىڭ كېرەك.

پەسىل: يوقسۇل كىشىنىڭ يوقسۇللۇق ھالىتىدىكى ئەدەبلىرى توغرىسىدا

يوقسۇل كىشى ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنى يوقسۇللۇق بىلەن سىنىغانلىقىنى يامان كۆرمەسلىكى، بەلكى ئۇ سىناقتىن مەمنۇن ۋە خۇشال بولۇپ، ئاللاھ تائالاغا ئىشەنگۈچى ۋە ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلغۇچى بولۇشى كېرەك. بۇنىڭ ئەكسىچە، يوقسۇللۇقىنى مەخلۇقاتقا شىكايەت قىلىپ، ئاللاھ تائالاغا دېمىسە، يوقسۇللۇق بۇنداق كىشى ئۈچۈن ئازابتۇر. شۇڭا، يوقسۇل كىشى يوقسۇللۇقتىن نارازىلىقىنى ئاشكارا قىلماي، بەلكى نومۇسچان ۋە سەبرچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك.

ئاللاھ تائالا دېگەنكى: ﴿ئەھۋالنى ئۇقمىغانلار، ئۇلارنىڭ نەرسە تىلىمىگەنلىكلىرىگە قاراپ، ئۇلارنى باي دەپ گۇمان قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ چىرايىدىن تونۇيسەن، ئۇلار كىشىلەرگە چاپلىشىۋېلىپ تىلەمچىلىك قىلمايدۇ، مېلىڭلاردىن نېمىنى خەير ـ ئېھسان قىلماڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇنى بىلگۈچىدۇر﴾(2/«بەقەرە»: 273).

يوقسۇل كىشى باينىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ بايلىقى سەۋەبلىك كەمتەر بولۇپ بەرمەسلىكى ۋە بايلار بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇشقا قىزىقماسلىقى كېرەك.

يوقسۇل كىشى يوقسۇللۇق سەۋەبىدىن ئىبادەت قىلىشتىن ھېرىپ قالماسلىقى ۋە ئۆز ئېھتىياجىدىن ئارتۇقىنى سەدىقە قىلىشتىن ئۆزىنى تارتماسلىقى كېرەك. چۈنكى، ئاز بولسىمۇ ئېھتىياجىدىن ئارتقان نەرسىنى سەدىقە قىلىش يوقسۇل كىشىنىڭ كۈچىنىڭ يەتكىنىچە قىلغان ئەۋزەل سەدىقىسى قاتارىغا كىرىدۇ.

ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن:

— ئى ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبىرى! قايسى سەدىقە ئەڭ ئەۋزەل؟ — دەپ سورىغاندا، رەسۇلۇللاھ:

— يوقسۇل كىشىنىڭ كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياكى نامرات كىشىگە مەخپىي ھالدا قىلغان سەدىقىسى، — دەپ جاۋاب بەرگەن»(11).

يوقسۇل كىشىنىڭ ھەدىيە قوبۇل قىلىش ئەدەبلىرىنىڭ بايانى
يوقسۇل كىشى سورىمىسىمۇ، باشقىلاردىن ئۇنىڭغا مال كەلگەن بولسا، ئۆزىگە كەلگەن ئۇ مال ھەققىدە ئۈچ ئىشنى ئويلىنىشى كېرەك:

1) مالنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىشى كېرەك؛

2) مالنى بەرگۈچىنىڭ مەقسىتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ھەققىدە ئويلىنىشى كېرەك؛

3) ئۆزىنىڭ مالنى ئېلىشتىكى مەقسىتى ھەققىدە ئويلىنىشى كېرەك.

شۇ مال ئۈستىدە ئويلىنىشقا كەلسەك، يوقسۇل كىشى ئالماقچى بولغان مال بارلىق شۈبھىلەردىن خالىي مال بولۇشى، ئەگەر ئۇنىڭغا بېرىلگەن مال شۈبھىلىك مال بولسا ئۇنى ئېلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

«ھالال ۋە ھارام ھەققىدە» دېگەن تېمىدا شۈبھىنىڭ دەرىجىلىرى، ساقلىنىش ۋاجىب ۋە مۇستەھەب نەرسىلەر ھەققىدە سۆزلەندى.

مالنى بەرگۈچىنىڭ مەقسىتىگە كەلسەك:

بىرىنچى: ئۇ مال يوقسۇل كىشى ياخشى كۆرىدىغان، ھەدىيە سۈپىتىدە بېرىلگەن مال بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر ئۇ ھالەتتە بېرىلگەن مال پارا مال بولمىسا ۋە بېرىپ بولغاندىن كېيىن مىننەت قىلىدىغان مال بولمىسا، ئۇنى ھەدىيە سۈپىتىدە قوبۇل قىلسا بولىدۇ.

ئىككىنچى: مال بەرگۈچىنىڭ مەقسىتى ساۋاب بولۇشى مۇمكىن. ساۋاب ئۈچۈن بېرىدىغان مال بولسا سەدىقە ۋە زاكاتتۇر. يوقسۇل كىشى بۇ ھالەتتە «مەن بۇ مالغا لايىقمۇ ياكى لايىق ئەمەسمۇ؟» دەپ ئۆزىدىكى سۈپەتلەرگە قاراپ بېقىشى كېرەك.

ئەگەر ئۆزىگە كەلگەن مالنى ئېلىش ياكى ئالماسلىق زادى مۈجمەل بولسا، ئۇ مال شۈبھىلىك مالدۇر. ئەگەر سەدىقە بەرگۈچى ئۇ مالنى ئۇنىڭغا دىندار بولغانلىقى سەۋەبلىك بەرگەن بولسا، سەدىقە ئالماقچى بولغان كىشى ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن تەرىپىگە قارىسۇن. ئەگەر ئۇ مال ئۇ كىشى يوشۇرۇن بىر گۇناھ – مەئسىيەت قىلغان ھالىتىدە كەلگەن بولسا، بەرگۈچىنىڭ ئۇنى بىلىپ قالسا ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنىپ، ئۇنىڭغا سەدىقە قىلىش بىلەن ئاللاھ تائالاغا يېقىن بولۇشنى خاھلىمايدىغانلىقىنى بىلسە، ئۇ مالنى ئالماسلىقى كېرەك. شۇنىڭدەك يوقسۇلنى ئالىم دەپ ئويلاپ بەرگەن بولسا ۋە مالنى ئالغۇچى ئالىم بولمىسا ئۇنى ئالماسلىقى كېرەك.

ئۈچىنچى: (بەزىدە) مال بەرگۈچىنىڭ مال بېرىشتىكى مەقسىتى شۆھرەت قازىنىش، رىيا قىلىش ۋە نام – ئابرۇي تېپىش بولىدۇ. بۇنداق مالنى ئالماي، مال بەرگۈچىنىڭ بۇزۇق مەقسىتىنى رەت قىلىش لازىم. چۈنكى، بۇنداق مەقسەتلىك بېرىلگەن مالنى قوبۇل قىلىش بۇزۇق مەقسەتكە ياردەم بەرگەنلىكتۇر.

يوقسۇلنىڭ مالنى ئېلىشىغا كەلسەك، يوقسۇل ئۆزىنىڭ ئۇ مالغا ئېھتىياجى بار ياكى يوقلۇقىغا قارىسۇن! ئەگەر ئۇ مالغا ئېھتىياجى بولمىسا، ئۇنى ئالماسلىقى كېرەك. ئەگەر مالغا ئېھتىياجى بولسا ۋە مال بىز تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن شۈبھە ۋە ئاپەتلەردىن سالامەت بولسا مالنى ئېلىش ئەۋزەل.

«سەھىھەين»دە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «سەن تەمە قىلماستىن ۋە تىلىمەستىن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پۇل ـ مال كېلىپ قالسا، ئۇنى قوبۇل قىلغىن. ئەمما، (ماڭا بىرنەرسە كېلىپ قالسىكەن دەپ) تەمەدە بولمىغىن!» دېگەن(12)

يەنە بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ: «كىمگە قېرىندىشى تەرەپتىن ئۇ تەمە قىلمىسىمۇ، سورىمىسىمۇ مال كەلگەن بولسا، ئۇنى قوبۇل قىلسۇن، رەت قىلمىسۇن. ئۇ بولسا ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا كەلتۈرۈپ بەرگەن رىزىقتۇر» دېگەن(13).

پەسىل: زۆرۈرىيەتسىز تىلەشنىڭ ھاراملىقى ۋە تىلەشكە مەجبۇر بولۇپ قالغان يوقسۇل كىشىنىڭ ئەدەبلىرى توغرىسىدا

بىلگىنكى، تىلەمچلىك قىلىشتىن چەكلەش ۋە تىلەشكە رۇخسەت قىلىش توغرىسىدا ھەدىسلەر كەلدى.

تىلەمچلىك قىلىشنىڭ رۇخسەت ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدىغان ھەدىسلەردىن بىرى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «تىلىگۈچى ئات ئۈستىدە كەلسىمۇ ئۇنىڭ ھەققى بار» دېگەن ھەدىسىدۇر(14).

يەنە بىر ھەدىستە: «تىلەمچىنى قوينىڭ كۆيۈپ كەتكەن تۇيىقى بىلەن بولسىمۇ قايتۇرۇڭلار» دېيىلگەن(15).

ئەگەر تىلەش مۇتلەق ھارام بولسا ئىدى، تىلەمچىگە بېرىشمۇ (ئۇنىڭغا) ياردەم بەرگەنلىك بولغاچقا، تاجاۋۇزچىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا ياردەم بېرىش ھەرگىز دۇرۇس بولمىغان بولاتتى.

تىلەمچلىك قىلىشتىن چەكلەش ھەققىدىكى ھەدىسلەرگە كەلسەك، «سەھىھەين»دە ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «قايسىبىرىڭلاردا تىلەمچىلىك يۈز بېرىۋېرىدىكەن، ئۇ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا يۈزىدە بىر پارچىمۇ گۆش قالمىغان ھالدا بارىدۇ» دېگەن(16).

«سەھىھەين»دىكى يەنە بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تىلەمچىلىكتىن ئۆزىنى پاك تۇتۇشنى تىلغا ئېلىپ: «ئۈستۈن قول تۆۋەن قولدىن ياخشىدۇر» دېگەن(17). ئۈستۈن قول بەرگۈچى، تۆۋەن قول بولسا تىلىگۈچى قولدۇر.

ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىدە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى ئۆز ئېھتىياجىنى قامدىغۇدەك نەرسىسى تۇرۇپ تىلەمچلىك قىلسا، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ تىلەمچىلىكى يۈزىدە تاتۇق ئىزى ياكى تىرناق ئىزى بولۇپ كېلىدۇ» دېگەن(18). بۇ بولسا ھەسەن دەرىجىدىكى ھەدىستۇر.

بۇ مەنىدىكى ھەدىسلەر ناھايىتى كۆپتۇر.

خۇلاسە كالام: تىلەمچىلىك قىلىش ئەسلىدە ھارام. چۈنكى، تىلەمچىلىك قىلىش ئۈچ ھالەتتىن ئايرىلمايدۇ:

1) شىكايەت قىلىش؛

2) ئۆزىنى خار قىلىش؛ «مۇئمىنگە ئۆزىنى خار قىلىش لايىق ئەمەستۇر»(19).

3) كۆپىنچە ۋاقىتتا بىرنەرسە بېرىشى تەلەپ قىلىنغۇچىغا ئەزىيەت بېرىش.

تىلەمچلىك قىلىش پەقەت ئىلاجىسىزلىق ھالىتىدە ياكى ئىلاجىسىزلىققا يېقىن مۇھىم ھاجەت ۋاقتىدا رۇخسەتتۇر.

ئىلاجىسىز قالغان كىشىگە كەلسەك، ئاچ قالغان كىشى ئۆلۈپ قېلىشتىن ياكى كېسەل بولۇپ قېلىشتىن قورقسا تىلەمچلىك قىلىشىغا رۇخسەتتۇر ۋە يەنە ئۆزىنى ياپقۇدەك بىرنەرسىسى يوق يالىڭاچ كىشى تىلەمچلىك قىلسا رۇخسەتتۇر.

مۇھىم ھاجىتى بار موھتاج كىشىگە كەلسەك، مەسىلەن بىر كىشىنىڭ قىش مەزگىلىدە يەكتىكى بولسا، لېكىن ئۇنىڭ ئىچىگە كىيىدىغان كۆينىكى بولمىسا، ئۇ كىشىنىڭ ئەھۋالى ئىلاجىسىزلىققا يەتمىسىمۇ، لېكىن سوغۇق سەۋەبىدىن ئەلەم تارتسا ئىچىگە كىيىدىغان كۆينەك تىلىسە بولىدۇ. شۇنىڭدەك ماڭالايدىغان، لېكىن مۇشەققەت بىلەن ماڭىدىغان كىشى بولسا، ئۇلاغقا مىنىپ مېڭىش ئۈچۈن بىرنەرسە تىلىسە دۇرۇس بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ بۇ ھالەتتە بىرنەرسە تىلىمەسلىك ئەۋزەل.

بىر كىشى نان تاپالىسا، لېكىن نانغا قوشۇپ يەيدىغان نەرسىگە موھتاج بولسا، بۇ كىشى قوشۇپ يەيدىغان نەرسە سورىسا بولىدۇ. لېكىن، ئۇنى سورىشى مەكرۇھتۇر. شۇنىڭدەك ئۇلاغ ئۈستىدە ئولتۇرۇشقا قادىر كىشى كاجۇۋاغا موھتاج بولسا، كاجۇۋا سورىشى دۇرۇس.

بۇنىڭغا ئوخشاش تىلەشلەردە ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر قىلغانلىقنى ئاشكارا قىلىپ، موھتاج كىشىنىڭ تىلىگىنىدەك بىرنەرسە تىلىمەسلىكى كېرەك. بەلكى كۆڭلىدە «ماڭا ئۆزۈمدە بار نەرسە يېتەرلىك، نەپىسىم مەندىن بۇ نەرسىلەرنى تىلەشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ» دېيىشى كېرەك. بۇنداق ئويلاش ئارقىلىق ئاللاھ تائالاغا شىكايەت قىلىش چېگراسىدىن چىقىپ كېتىدۇ.

يوقسۇل كىشى بىرنەرسە تىلىمەكچى بولسا، دادىسىدىن ياكى يېقىنىدىن، ياكى بىرنەرسە سورىسا نەزەرىدىن چۈشۈپ كەتمەيدىغان دوستىدىن، ياكى مال – مۈلكىنى ياخشىلىق قىلىش ئۈچۈن تەييار قىلغان سېخىي كىشىدىن تىلىشى كېرەك. ئۇ كىشى شۇنداق قىلىش ئارقىلىق خارلىقتىن قۇتۇلىدۇ.

ھايا قىلغانلىقتىن بەرگەنلىكىنى بىلگەن كىشىنىڭ بەرگەن نەرسىسىنى ئېلىشى دۇرۇس بولمايدۇ. ئالغان بولسا بەرگۈچىگە قايتۇرۇپ بېرىشى ۋاجىبتۇر.

يوقسۇل كىشى پەقەت ئۆزى موھتاج بولىدىغان ئولتۇرىدىغان ئۆي ياكى ئۇنى ياپىدىغان كىيىم ۋە ئۇنىڭغا ھالاك بولۇشتىن ساقلايدىغان يېمەككە ئوخشاش نەرسىلەرنى ھاجەت مىقدارىدا سورىسا بولىدۇ.

بۇ نەرسىلەردە بەك ئېسىل نەرسىلەرنى تاللىماستىن كۈن ئۆتكۈزەلىگۈدەك نەرسىلەرنى تىلەشكە رىئايە قىلىشى كېرەك. ئەگەر بىر كىشى ھەر كۈنى بىرنەرسە سورىيالايدىغان ئادەمنى تاپالايدىغانلىقىغا كۆزى يەتسە، ئۇنداق كىشىنىڭ بىر كېچە – كۈندۈزلۈكتىن زىيادە ئوزۇق – تۈلۈك تىلىشى دۇرۇس بولمايدۇ. ئەگەر بېرىدىغان ئادەم تاپالماسلىقىدىن قورقسا ياكى تىلەشتىن ئاجىز كېلىشتىن قورقسا، بىر كېچە – كۈندۈزلۈك ئوزۇقتىن زىيادە ئوزۇق تىلىشى رۇخسەتتۇر.

خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا، يوقسۇل كىشىنىڭ بىر يىللىقىغا يەتكۈدەك نەرسىنىڭ ئۈستىدە بىرنەرسە تىلىشى دۇرۇس بولمايدۇ. بۇنىڭغا باي بولۇش ئۆلچىمىنى 50 تەڭگە دەپ بېكىتىش ھەققىدە رىۋايەت قىلىنغان ھەدىس(20) چۈشىدۇ.

50 تەڭگە ئوتتۇراھال تۇرمۇش كەچۈرىدىغان يالغۇز كىشىگە بىر يىل يېتىدۇ. ئايالى ۋە بالىلىرى بار كىشىگە كەلسەك، ئۇنىڭغا 50 تەڭگە بىر يىل يەتمەيدۇ.

تىلىگۈچىلەرنىڭ ئەھۋاللىرىنىڭ بايانى
بىشرۇلھافىي مۇنداق دەيتتى: يوقسۇللار ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ:

بىرى، سورىمايدىغان، بەرسىمۇ ئالمايدىغان يوقسۇل بولۇپ، ئۇ روھانىيلار قاتارىدا بولىدۇ.

ئىككىنچىسى، تىلىمەيدىغان، لېكىن بەرسە ئالىدىغان يوقسۇل بولۇپ، ئۇ پاك ئىھاتە (جەننەت) ئەھلىدىن بولىدۇ.

ئۈچىنچىسى، موھتاج بولسا سورايدىغان يوقسۇل كىشى بولۇپ، ئۇنىڭ تىلەمچىلىكىگە سۆزىدە راستچىل بولۇشى كەففارەتتۇر.

شەيخ جامالۇددىن رەھىمەھۇللاھ: «مەن دەيمەنكى، توغرا ھۆكۈم شۇكى، ئەگەر يوقسۇل كىشى بىرنەرسە تىلىمەستىن كۈنىنى ئۆتكۈزۈشكە قادىر بولسا، ئۇنىڭ بىرنەرسە تىلىشى دۇرۇس بولمايدۇ. ئەگەر كۈنىنى قىيىنچىلىق بىلەن ئۆتكۈزىدىغان بولسا قاراپ باقىسەن، ئەگەر ئۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋالغا ئىنسان بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بولسا ۋە ھاياتىي خەۋپ بولمىسا، ئۇ تىلەمچىلىك قىلسا بولىدۇ، لېكىن تىلىمەسلىك پەزىلەت. ئەمما، ئۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋالغا ئىنسان بەرداشلىق بېرەلمىسە، ئۇنداق كىشىنىڭ تىلىشى ۋاجىبتۇر» دېگەن.

سۇفيان سەۋرىي رەھىمەھۇللاھ: «بىر كىشى ئاچ قېلىپ تۇرۇپ، جېنىنى ساقلىغۇدەك بىرنەرسە تىلىمەي ئۆلۈپ كەتسە دوزاخقا كىرىدۇ» دېگەن.

 

ئىككىنچى باب
زاھىدلىقنىڭ ھەقىقىتى، پەزىلىتى، ئۇنىڭ دەرىجىلىرى ۋە قىسىملىرى

زاھىدلىقنىڭ ھەقىقىتى
شۇنى بىلگىنكى، دۇنيادا زاھىد بولۇش ئاخىرەت يولىدا ماڭغۇچىلارنىڭ ماقاملىرىدىن شەرەپلىك بىر ماقامدۇر. زاھىدلىق ئىنساندىكى قىزىقىشنىڭ بىرنەرسىدىن يۈز ئۆرۈپ ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى نەرسىگە يۆتكىلىشىدۇر. يۈز ئۆرۈلگەن نەرسىنىڭ ھەرقانداق بىر يول بىلەن قىزىقىلىدىغان نەرسە بولۇشى شەرتتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، قىزىقىلمايدىغان ۋە ئەسلىدە تەلەپ قىلىنمايدىغان بىر نەرسىدىن يۈز ئۆرۈگۈچى «زاھىد» دەپ ئاتالمايدۇ. مەسىلەن، تۇپراقنى تەرك ئەتكەن كىشى «زاھىد» دەپ ئاتالمايدۇ.

دۇنيانى تەرك ئەتكەن كىشىگە «زاھىد» ئىسمىنى بېرىش ئادەتكە ئايلانغاندۇر. ئاللاھ تائالادىن باشقا ھەرقانداق نەرسىدىن يۈز ئۆرىگەن كىشى مۇكەممەل زاھىدتۇر. جەننەت ۋە ئۇنىڭ نېئمەتلىرىگە قىزىقىپ دۇنيانى تەرك ئەتكەن كىشىمۇ زاھىدتۇر. لېكىن، بۇ دەرىجە جەھەتتە بىرىنچىسىدىن تۆۋەندۇر.

بىلگىنكى، مال – دۇنيانى تەرك ئېتىش، سېخىيلىق قىلىش، كۈچلۈك كۆرۈنۈش ۋە باشقىلارنىڭ قەلبلىرىنى ئۆزىگە مايىل قىلىش مەقسىتىدە مال سەرپ قىلىش زاھىدلىق ئەمەستۇر. بەلكى ئاخىرەتنىڭ قىممىتىگە نىسبەتەن دۇنيانىڭ ئەرزىمەس ئىكەنلىكىنى بىلىپ دۇنيانى تەرك ئېتىش زاھىدلىقتۇر.

دۇنيانىڭ ئېرىپ كېتىدىغان قارغا، ئاخىرەتنىڭ بولسا مەڭگۈ قالىدىغان مەرۋايىتقا ئوخشايدىغانلىقىنى بىلگەن كىشىنىڭ دۇنيانى بېرىپ ئۇنىڭ ئورنىغا ئاخىرەتنى ئېلىشقا بولغان قىزىقىشى كۈچلۈك بولىدۇ. بۇنىڭغا ئاللاھ تائالانىڭ بۇ سۆزى دەلىلدۇر: ﴿(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «دۇنيانىڭ مەنپەئەتى ئازدۇر (يەنى دۇنيانىڭ نېئمىتى فانىيدۇر)، (ئاللاھتىن) قورققان (ۋە ئۇنىڭ ئەمرىنى تۇتقانلار) ئۈچۈن ئاخىرەت ياخشىدۇر، سىلەرگە قىلچىلىك زۇلۇم قىلىنمايدۇ (يەنى قىلغان ئەمەلىڭلارنىڭ ساۋابى كېمەيتىلمەيدۇ) ﴾(4/«نىساﺋ»: 77).

ئاللاھ تائالانىڭ يەنە بۇ سۆزى دەلىلدۇر: ﴿(ئى ئىنسانلار!) سىلەرنىڭ ئىلكىڭلاردىكى نەرسىلەر تۈگەيدۇ، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى نەرسىلەر تۈگىمەستۇر. سەبر قىلغۇچىلارغا، ئەلبەتتە، ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەلىدىنمۇ ياخشىراق ساۋاب بېرىمىز﴾(16/«نەھل»: 96).

زاھىدلىقنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا
بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا دېگەنكى: ﴿بىز (كۇففارلاردىن) تۈرلۈك جامائەنى بەھرىمەن قىلغان دۇنيانىڭ نېئمەتلىرى ۋە زىبۇزىننەتلىرىگە كۆز سالمىغىن، بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى سىنايمىز، پەرۋەردىگارىڭنىڭ رىزقى (يەنى ساۋابى بۇ فانىي نېئمەتتىن) ياخشىدۇر ۋە ئەڭ باقىيدۇر﴾(20/«تاھا»: 131).

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتىدۇكى: «كىمكى دۇنيا غېمىدە تاڭ ئاتقۇزسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئىشلىرىنى چېچىۋېتىدۇ، ئۇنىڭ پايدا كەلتۈرىدىغان ئىشىنى بۆلىۋېتىدۇ. يوقسۇللۇقىنى ئۇنىڭ ئىككى كۆزى ئارىسىدا قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا دۇنيالىقتىن تەقدىر قىلىنغان نەرسىلا كېلىدۇ. كىمكى ئاخىرەتنى غەم قىلغان ھالدا تاڭ ئاتقۇزسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ چېچىلىپ كەتكەن ئىشىنى جەم قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن پايدا كەلتۈرىدىغان ئىشىنى ساقلايدۇ، بايلىقىنى قەلبىدە قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا دۇنيا بويسۇنغان ھالەتتە كېلىدۇ»(21).

ھەسەن ئەلبەسرىي رەھىمەھۇللاھ ئېيتىدۇ: «زاھىدلاردىن باشقا كىشىلەر يالىڭاچ ھەشىر قىلىنىدۇ». ئۇ يەنە: «بىر قىسىم كىشىلەر دۇنيانى ئەزىزلىگەنىدى، دۇنيا ئۇلارنى دار ياغاچلىرىغا ئاستى. سىلەر دۇنيانى خارلاڭلار، دۇنيانى خارلىساڭلار، دۇنيا سىلەرگە بەك سىڭىشلىك بولىدۇ» دەيدۇ.

فۇزەيل ئىبنى ئىياز رەھىمەھۇللاھ ئېيتىدۇ: «بارلىق يامانلىق بىر ئۆيدە قىلىنسا، ئۇنىڭ ئاچقۇچى دۇنيانى ياخشى كۆرۈش قىلىنغان بولاتتى. بارلىق ياخشىلىق بىر ئۆيدە قىلىنسا، ئۇنىڭ ئاچقۇچى دۇنياغا قىزىقماسلىق قىلىنغان بولاتتى».

سەلەف سالىهلەردىن بىرى: «دۇنياغا قىزىقماسلىق قەلبنى ۋە بەدەننى راھەتلىتىدۇ، دۇنياغا قىزىقىش بولسا غەم – قايغۇنى كۆپەيتىدۇ» دېگەن.

پەسىل: زاھىدلىقنىڭ دەرىجىلىرى ۋە قىسىملىرى ھەققىدە

بەزى كىشىلەر دۇنيانى ئارزۇ قىلىدۇ، لېكىن دۇنياغا قىزىقمايدۇ ۋە نەپسىگە قارشى جىھاد قىلىدۇ. بۇ سۈپەتتىكى كىشى «زاھىد بولۇشقا تىرىشقان كىشى» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ بولسا زاھىدلىقنىڭ باشلىنىشىدۇر.

ئىككىنچى دەرىجە: نەپسىنى زورلىماستىن دۇنيادىن ئىختىيارىي يۈز ئۆرۈشتۇر. لېكىن، ئۇنداق كىشى ئۆزىنىڭ زاھىدلىقىنى كۆرىدۇ، ئۆزىگە قارايدۇ ۋە ئۆزىدىن ئەجەبلىنىپ، ئۆزىنى ئىككى تەڭگىنى ئېلىش ئۈچۈن بىر تەڭگىنى تاشلىغان، تېخىمۇ قىممەتلىك نەرسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن نىسبەتەن ئاز قىممەتلىك بىرنەرسىنى تەرك ئەتكەن كىشىدەك كۆرىدۇ. بۇ ھەم نۇقساندۇر.

ئۈچىنچى دەرىجە: زاھىدلىقنىڭ ئەڭ يۈكسەك دەرىجىسىدۇر. يەنى ئۆزلۈكىدىن دۇنيانى تەرك ئېتىش ۋە ھەقىقىي تۈردە زاھىد بولۇشتۇر. بۇ سۈپەتتىكى كىشى ئۆزىنى مەن بىرنەرسىنى تەرك ئەتتىم، دەپ قارىمايدۇ. چۈنكى، ئۇ كىشى دۇنيانىڭ ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدىغانلىقىنى بىلىدۇ. بۇ كىشى بەئەينى لاتا پۇرۇچنى تاشلىۋېتىپ، گۆھەر تاشنى ئالغان كىشىگە ئوخشايدۇ. ئۇ ئىككىسنى ئەسلا تەڭ كۆرمەيدۇ. چۈنكى، دۇنيا ئاخىرەت نېئمىتىنىڭ ئالدىدا، لەئل ياقۇت ئالدىدىكى ئەرزىمەس بۆز پۇرۇچىدىنمۇ بەكرەك ئەرزىمەستۇر. بۇ بولسا زاھىدلىقتىكى مۇكەممەللىكتۇر.

بىلگىنكى، دۇنيانى تەرك ئەتكەن كىشى، مىسالى ئوردا قوۋۇقىدا ياتقان بىر ئىت تەرىپىدىن پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىشتىن توسۇۋېلىنغان كىشىگە ئوخشايدۇ. ئۇ كىشى ئۆزىنى توسۇپ ياتقان ئىتقا بىر بۇردا نان تاشلاپ بېرىدۇ. ئىت نان بىلەن بولۇپ كەتكەندە، ئۇ كىشى شاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىپ، شاھ بىلەن ئۈلپەتلىشىدۇ. مۇشۇنداق بىر كىشىنى ئېرىشكەن نېئمەتلىرىنىڭ ئېۋەزىگە ئوردا ئىتىغا تاشلاپ بەرگەن بىر بۇردا نان بىلەن پادىشاھنىڭ قېشىدا ئۆزىنى كۈچلۈك كۆردى دەپ قارامسەن؟!

شەيتان ئاللاھ تائالانىڭ قوۋۇقى ئالدىدىكى ئىتتۇر. بۇ ئىت ئىشىك ئوچۇق، توسۇق كۆتۈرۈۋېتىلگەن تۇرۇپ، كىشىلەرنى بوسۇغىدىن ئىچكىرى كىرىشتىن توسىدۇ. دۇنيا بۇردا نانغا ئوخشايدۇ. پادىشاھنىڭ ئىززىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن بۇردا ناننى تاشلىغان كىشى قانداقمۇ ئۇ نان پارچىسىغا قارىسۇن! دۇنيالىقتىن ھەربىر كىشىگە — ئەگەر ئۇنىڭغا مىڭ يىل ئۆمۈر ئاتا قىلىنسىمۇ — بېرىلگەن نەرسە ئاخىرەت نېئمىتىنىڭ ئالدىدا دۇنيا مۈلكى ئالدىدىكى بىر بۇردا ناننىڭ قىممىتىدىنمۇ بەكرەك قەدرسىزدۇر. چۈنكى، ئۆتكۈنچە نەرسە مەڭگۈلۈك نەرسىگە تەڭ بولالمايدۇ. قانداقمۇ تەڭ بولسۇن؟! بىلىش كېرەككى، ئۆمۈر تولىمۇ قىسقا ۋە دۇنيا لەززەتلىرىگە جاپا – مۇشەققەت ئارىلاشقاندۇر.

قىزىقىلغۇچى نەرسىگە نىسبەتەن زاھىدلىقنىڭ جەھەتلىرى ئۈچ دەرىجە بولىدۇ:

بىرىنچى دەرىجە: ئازاب – ئوقۇبەتتىن، ھېساب – سوراقتىن ۋە خالايىق ئالدىدىكى قورقۇنچلاردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن زاھىد بولۇش. بۇ بولسا قورققۇچىلارنىڭ زاھىدلىقىدۇر.

ئىككىنچى دەرىجە: ساۋابقا ئېرىشىش ۋە ۋەدە قىلىنغان نېئمەتكە يېتىش ئۈچۈن زاھىد بولۇش. بۇ بولسا ئۈمىد قىلغۇچىلارنىڭ زاھىدلىقىدۇر. چۈنكى، بۇلار نېئمەتنى دەپ نېئمەتنى تەرك ئەتكەنلەردۇر.

ئۈچىنچى دەرىجە: بۇ دەرىجە ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدۇر. ئۇ بولسا دۇنيادا ئەلەملەردىن قۇتۇلۇش ۋە لەززەتلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئاللاھ تائالاغا ئۇچرىششىنى تەلەپ قىلىپ زاھىد بولۇش. بۇ بولسا ئاللاھ تائالانى ھەقىقىي تونۇغۇچىلار ۋە ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ زاھىدلىقىدۇر. چۈنكى، ئاللاھ تائالاغا قاراش لەززىتى بىلەن جەننەت لەززىتىنى سېلىشتۇرغاندا، ناۋاكەش بۇلبۇلغا ئىگە بولۇش ۋە ئۇنىڭدىن ھۇزۇر ئېلىش لەززىتى بىلەن دۇنياغا ئىگە بولۇش ۋە ئۇنىڭغا ئىگىدارچىلىق قىلىش لەززىتىگە سېلىشتۇرغانغا ئوخشايدۇ.

پەسىل: ھاياتنىڭ زۆرۈر ئېھتىياجلىرىدىن زاھىد بولۇشنىڭ تەپسىلىي بايانى

زۆرۈر ۋە مۇھىم بولغان ئېھتىياجلار يەتتىدۇر: يېمەك – ئىچمەك، كىيىم – كېچەك، تۇرالغۇ جاي، ئائىلە سايمانلىرى، نىكاھلىنىش، مال – مۈلك ۋە يۈز – ئابرۇي قاتارلىقلار.

بىرىنچى: يېمەك – ئىچمەك؛

شۇنى بىلگىنكى، زاھىد كىشى ئۈچۈن يېمەك – ئىچمەك لەززەت ئېلىنىدىغان ئەمەس، بەدىنىگە ماس كېلىدىغان نەرسىلەر بىلەن ئاچلىقىنى دەﻓﺌ قىلغۇدەك نەرسىلەردۇر.

بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاللاھ تائالانىڭ قۇللىرى راھەت – پاراغەتتە ياشىغۇچىلار ئەمەس» دېگەن(22).

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇرۋە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: «بىز پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۆيلىرىدە ئوچىقىمىزغا ئوت يېقىلماي بىر ھىلال ئاينى، كېيىن يەنە بىر ھىلال ئاينى، يەنى ئىككى ئايدا ئۈچ ھىلال ئاينى كۆرەتتۇق» دېگەن. ئۇرۋە ئېيتىدۇ: مەن:

— ئى ھامما! نېمە يەپ تۇرمۇش كەچۈرەتتىڭلار؟ — دەپ سورىغانىدىم، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا:

— خورما بىلەن سۇدىن ئىبارەت ئىككى قارا نەرسە بىلەن، — دەپ جاۋاب بەردى»(23).

بۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىسلەر ناھايىتى كۆپ ۋە مەشھۇردۇر.

كۆپلىگەن زاھىدلار يېمەك – ئىچمەك جەھەتتىكى قاتتىقچىلىققا بەرداشلىق بېرەتتى. ئۇلاردىن قاتتىقچىلىق تۇرمۇشقا تاقەت قىلالمايدىغانلارمۇ بار ئىدى. مەسىلەن، سۇفيان سەۋرىي رەھىمەھۇللاھ ياخشى يەپ – ئىچىدىغان زات ئىدى. بەزىدە ئۇنىڭ روزغارىدا كاۋاپ بىلەن فالۇزەج(24) ئېلىپ مېڭىلاتتى.

خۇلاسە قىلساق، زاھىد كىشى تەن ساقلىقىنى ساقلىغۇدەك يېمەك – ئىچمەك بىلەن كۇپايىلىنىدۇ. زىيادە راھەت – پاراغەتكە بېرىلمەيدۇ. لېكىن، بەدەنلەر بىر – بىرىگە ئوخشىمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بەزى بەدەنلەر قاتتىقچىلىق تۇرمۇشقا سەبر قىلالمايدۇ.

بەزى كىشىلەر روزغار ئۈچۈن ھالال ئوزۇق – تۈلۈك ساقلىۋالىدۇ. بۇنداق قىلىش ئۇلارنى زاھىدلار قاتارىدىن چىقىرىۋەتمەيدۇ. مەسىلەن، سەبتىي(25) رەھىمەھۇللاھ شەنبە كۈنى بىر كۈنلا ئىشلەيتتى ۋە تاپقىنىنى بىر ھەپتە يەيتتى.

داۋۇد ئەتتائىي رەھىمەھۇللاھ 20 تىللا مىراس ئالغان ۋە ئۇنى 20 يىل خەجلىگەن ئىدى.

ئىككىنچى: كىيىم – كېچەك؛

زاھىد كىشى ئىسسىق ۋە سوغۇقتىن ساقلانغۇدەك ۋە ئەۋرىتىنى ياپقۇدەك كىيىم – كېچەك بىلەن كۇپايىلىنىدۇ. «ئاددىي – ساددا ياشايدۇ» دەپ نامى چىقىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ، كىيىم – كېچەكلىرى ئىچىدە ئازراق ياسانغۇدەك كىيىم بولسا ھېچقىسى يوق.

«سەھىھەين»دە ئەبۇ بۇردە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىزگە ياماق سېلىنغان بىر ئۈست كىيىم ۋە قېلىن بىر تامبالنى كۆرسەتتى ۋە: ‹ئاللاھ رەسۇلى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ئىككى كىيىمدە قەبزى روھ قىلىنغان› دېدى»(26).

ھەسەن رەھىمەھۇللاھ: «ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خەلىفە ۋاقتىدا خۇتبە ئوقۇدى. ئۇ 12 يېرىگە ياماق سېلىنغان بىر تامبال كىيگەن ئىدى» دېگەن.

ئۈچىنچى: تۇرالغۇ جاي؛

زاھىد كىشىنىڭ تۇرالغۇ جاي ھەققىدە ئۈچ دەرىجىسى بولىدۇ:

ئەڭ يۇقىرىسى: ئۆزىگە خاس بىر تۇرالغۇ ئۈچۈن چاپمايدىغان، بەلكى سۇففە ئەھلىگە ئوخشاش مەسجىدلەرنىڭ بۇلۇڭلىرى بىلەن قانائەت قىلىش(27).

ئوتتۇراھال بولغىنى: خورما شاخلىرىدىن ياكى ياغاچ، قومۇش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەر بىلەن بىنا قىلىنغان ئالچۇققا ئوخشاش بىر ئورۇننى ئۆزىگە خاس جاي تۇتۇش.

ئەڭ تۆۋىنى بولسا ياغاچ – تاش ۋە خىش – كېسەكلەر بىلەن بىنا قىلىنغان بىر ھۇجرا تەلەپ قىلىش.

كەڭرىچىلىك ۋە ئۆيىنىڭ تورۇسىنىڭ ئېگىز بولۇشىنى تەلەپ قىلسا، تۇرالغۇ جايدا زاھىدلىق چېگراسىدىن ئۆتۈپ كەتكەن بولىدۇ.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر خام خىشنى يەنە بىر خام خىش ئۈستىگە قويماي ۋاپات بولغان.

ھەسەن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۆيلىرىگە كىرسەم تورۇسقا تېگىپ قالاتتىم» دېگەن(28).

بىر ھەدىستە: «بىر ئادەمگە تۇپراققا خەجلىگەن پۇلىدىن باشقا پۇللىرىغا ئەجىر بېرىلىدۇ»(29) دېيىلگەن.

ئىبراھىم نەخەئىي رەھىمەھۇللاھ: «ئۆي ئېھتىياجنى قامدىغۇدەك بولسا ساۋابمۇ ۋە گۇناھمۇ بولمايدۇ» دېگەن.

قىسقىسى: زۆرۈرىيەت يۈزىسىدىن ئىستەلگەن ھەرقانداق نەرسە زاھىدلىق چېگراسىدىن ئۆتۈپ كەتمەسلىكى كېرەك.

تۆتىنچى: ئائىلە سايمانلىرى؛

زاھىد قاچا – قۇچىلاردىن ساپال بىلەنلا كۇپايىلىنىشى، بىر قاچىنىلا ئىشلىتىپ، بىر تاۋاقتا يەپ – ئىچىشى كېرەك. ئائىلە سايمانلىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتكەن ياكى تۈرى قىممەت باھالىق نەرسىلەرنى ئالغان كىشى زاھىدلىق چېگراسىدىن چىقىپ كەتكەن بولىدۇ.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تەرجىمىھالىغا قارايلى! «سەھىھۇ مۇسلىم»دىكى بىر ھەدىستە، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دەيدۇ: «مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كەپىسىگە كىرىپ قارىسام، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر پارچە بورىنىڭ ئۈستىدە يېنىچە ياتقانىكەن، مەنمۇ يېنىدا ئولتۇردۇم. شۇ ئارىدا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كىيىمىنى تۈزەشتۈرگەنىدى، بورىنىڭ بېقىنىغا پېتىپ، ئىز چىقىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە چاندۇرماي، كەپە ئىچىگە بىر قۇر كۆز يۈگۈرتۈپ چىقتىم. كەپىدە بىر سا ئەتراپىدا ئارپا، بىر بۇلۇڭدا تېرە ئاشلايدىغان ئازغىنە غازاڭ، بىر تېمىغا ئېسىقلىق ئاشلانغان تېرىدىن باشقا ھېچنېمە يوق ئىدى. بۇنى كۆرۈپ، كۆزۈمگە لىققىدە ياش كەلدى ـ دە، ئۆزۈمنى تۇتالماي قالدىم»(30).

بۇخارىينىڭ رىۋايىتىدە: «ئۇ زاتنىڭ كەپىسىگە كۆز يۈگۈرتتۈم. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇ زاتنىڭ كەپىسىدە ئۈچ پارچە تېرىدىن باشقا كۆزگە ئىلىشقۇدەك بىرنەرسە تاپالمىدىم» دېيىلگەن(31). بۇ ھەدىسنىڭ «سەھىھۇ مۇسلىم»دىكىسى مەشھۇردۇر.

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتۇر: «مەن پاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىلەن توي قىلغان ۋاقتىمدا بىزنىڭ قوچقار تېرىسىدىن بىرلا كۆرپىمىز بار ئىدى. بىز كېچىدە ئۇنىڭدا ئۇخلايتتۇق، كۈندۈزدە ئۇنىڭ ئۈستىدە سۇ توشۇيدىغان تۆگىگە ھەلەپ بېرەتتۇق. پاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن باشقا ماڭا خىزمەت قىلىدىغان خىزمەتچىم يوق ئىدى. پاتىمە خېمىر يۇغۇرغاندا كۈچىگەنلىكتىن ئۇنىڭ ماڭلاي چېچى داسنىڭ گىرۋىكىگە تېگىپ قالاتتى».

بىر ئادەم ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىغا كىرىپ، ئۆينىڭ ئىچىدە ئۇياق – بۇياققا قاراشقا باشلىدى، ئاندىن:

— ئى ئەبۇ زەر! سېنىڭ ئۆيۈڭدە ئۆي سايمانلىرى ۋە پايدىلانغۇدەك نەرسە كۆرمىدىمغۇ؟! — دېگەندە، ئەبۇ زەر:

— بىزنىڭ بىر ئۆيىمىز بار، پايدىلىنىدىغان نەرسىلەرنىڭ ياخشسىنى ئۇنىڭغا ئەۋەتىۋاتىمىز، — دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەم:

— دۇنيادا ياشايدىكەنسەن ساڭا پايدىلىنىدىغان نەرسە لازىم بولىدۇ، — دېدى. ئەبۇزەر:

— ئۆي ئىگىسى بىزنى بۇ يەردە قويمايدۇ، — دېدى.

بەشىنچى: نىكاھلىنىش؛

نىكاھلىنىشنىڭ ئەسلى ۋە كۆپ بولۇشى بىلەن زاھىدلىقنىڭ ھېچ مۇناسىۋىتى يوق.

سەھل ئىبنى ئابدۇللاھ رەھىمەھۇللاھ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئاياللار سۆيۈملۈك قىلىنغان ئىدى» دېگەن([32]).

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ساھابەلەرنىڭ ئەڭ زاھىدى تۇرۇپ، تۆت ئايالى ۋە ئون نەچچە چۆرىسى بار ئىدى.

ئەبۇ سۇلايمان ئەددارانىي مۇنداق دەيتتى: «سېنى ئاللاھ تائالادىن مەشغۇل قىلغىنى ئايال بولسۇن، مال بولسۇن ۋەيا بالا بولسۇن ئۇ شۇملۇقتۇر».

ئوچۇق قىلىپ ئېيتساق: قايسىبىر كىشىنىڭ شەھۋىتى بەك كۈچىيىپ كەتسە ۋە گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويۇشىدىن قورقسا، ئۇ كىشىنىڭ نىكاھلىنىشى پەرزدۇر. «گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قېلىشتىن قورقمايدىغان كىشى ئۈچۈن نىكاھلىنىش ئەۋزەلمۇ ياكى ئىبادەت قىلىشى ئەۋزەلمۇ؟» دېگەن قاراشقا كەلسەك، بۇ ھەقتە ئالىملار ئارىسىدا ئوخشىمىغان قاراشلار بار. كىشىلەر ھەرخىل مەقسەت بىلەن نىكاھلىنىدۇ. بەزىلەر پەرزەنت كۆرۈش ئۈچۈن نىكاھلىنىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئۇنداق كىشىگە ئائىلىسى ئۈچۈن ھالالدىن كەسىپ قىلىش مۇمكىن بولسا، نىكاھلىنىشى ئۇنىڭ دىنىغا زىيان يەتكۈزمىسە، قەلبىنى كۆپ ئىشلارغا چېچىۋەتمىسە، بەلكى نىكاھلىنىش ئۇنىڭ غەملىرىنى جەملەپ، كۆزىنى ھارامدىن ساقلاپ، پىكرىنى يامان خىياللاردىن قايتۇرسا، بۇنداق كىشىنىڭ نىكاھلىنىشى پەزىلەتتۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەھۋالى، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئەھۋالى ۋە ئۇ ئىككى زاتنىڭ يولىدا ماڭغانلارنىڭ ئەھۋالى بۇ ھالەتكە دالالەتتۇر. «نىكاھ ئارقىلىق لەززەتلىنىشنى تەرك ئېتىش زاھىدلىقتۇر» دەپ قارايدىغان كىشىلەرنىڭ سۆزىگە ئېتىبار بەرمەسلىك كېرەك. چۈنكى، نىكاھلىنىپ لەززەت ئېلىشنى تەرك ئېتىش مەقسەت قىلىنغۇچى زاھىدلىققا ئەگىشىدۇ ۋە شۇنىڭ ئىچىدە كېلىدۇ.

سەلەف سالىهلەرنىڭ بەزىسى چىرايلىق ئايالنى ئالماي، چىرايى ئادەتتىكىچە ئايالنى تاللايتتى. ئۇلار ئېھتىمال چىرايى نورمال ئايال دىنغا مايىل، چىقىمى ئاز ۋە زىيادە كۆڭۈل بۆلۈش تەلەپ قىلمايدىغانلىقى ئۈچۈن، نورمال ئايالنى تاللىغان بولۇشى مۇمكىن. چىرايلىق ئايال ئىنساننىڭ قەلبىنى بۇراپ، پىكرىنى مەشغۇل قىلىدۇ ۋە كۆپ نەپىقە تەلەپ قىلىدۇ. بەزىدە ئۇنىڭغا بەرگۈدەك دەرىجىدە كۆپ نەپىقە بولماي قالىدۇ.

مالىك ئىبنى دىنار رەھىمەھۇللاھ ئېيتۇر: «بىراۋ ئۆز قەبىلىسى ئىچىدىكى ئەڭ چىرايلىق ئايالنى ئارزۇلاپ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىدۇ، ئاندىن ئۇ ئايال: ‹ماڭا يىپەكتىن توقۇلغان كىيىم ئېلىپ بېرىڭ› دەيدۇ – دە! ئېرىنىڭ دىنىنى يوق قىلىدۇ».

ئالتىنچى: مال – مۈلك؛

تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن مال بولۇشى زۆرۈردۇر. زاھىد كىشى كۈنىنى ئۆتكۈزەلىگۈدەك مال بىلەن كۇپايىلىنىدۇ. سالىهلەر ئىچىدە تىجارەت قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىپ، تىلەمچىلىكتىن ئار قىلىدىغانلار بار ئىدى.

ھەمماد ئىبنى سەلەمە دۇكىنىنى ئېچىپ ئىككى ھەببەگە ئېرىشسە، دۇكىنىدىن قوپۇپ كېتەتتى.

سەئىد ئىبنى مۇسەييەب رەھىمەھۇللاھ ياغ تىجارىتى قىلاتتى ۋە 400 تىللا كىرىم قىلغان ئىدى. ئۇ: «مەن ئۇنى يۈز – ئابرۇيىمنى ۋە دىنىمنى قوغداش ئۈچۈن قويۇپ قويدۇم» دەيتتى.

يەتتىنچى: يۈز – ئابرۇي

ئىنساننىڭ ھەتتا ئۆز مالىيىنىڭ قەلبىدىمۇ يۈز – ئابرۇيى بولۇشى زۆرۈردۇر. زاھىدنىڭ زۇھد بىلەن مەشغۇل بولۇشى ئۇنىڭ ئۈچۈن قەلبلەردە يۈز – ئابرۇيغا ئورۇن ھازىرلايدۇ. شۇڭا، يۈز – ئابرۇينىڭ يامانلىقىدىن ساقلىنىش لازىم.

يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا: دۇنيا ئىنسانغا زۆرۈر لازىمەتلىك نەرسىلەر جۈملىسدىن ئەمەستۇر. سەلەف سالىهلەردىن كۆپ كىشىلەرگە ھالال مال تەڭلەنسە، «يوقسۇ، بۇ مالنى ئالمايمىز، ئالساق دىنىمىزنى بۇزۇپ تاشلىشىدىن قورقىمىز» دەيتتى.

پەسىل: زاھىدلىقنىڭ ئالامەتلىرى

سەن مالنى تەرك ئەتكۈچىنى «زاھىد» دەپ گۇمان قىلىسەن. ئەسلىدە ئۇ زاھىد ئەمەس. چۈنكى، مالنى تەرك ئېتىش ۋە قىيىنچىلىق تۇرمۇشتا ياشىغانلىقنى نامايان قىلىش زاھىدلىق بىلەن ماختىلىشنى ياخشى كۆرگەن كىشىگە ئاساندۇر. كۆپلىگەن راھىبلار چېركاۋدىن چىقماي، ئاز يەپ، ئاز ئىچەتتى. ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشىغا باشقىلارنىڭ ماختىشىنى ياخشى كۆرۈش كۈچ بەردى. بۇ ھەقتىكى بايانلار ئىلگىرى «رىيا توغرىسىدا» دېگەن بابتا سۆزلەندى.

نەپس ئىستەكلىرىدە زاھىدلىق مۇكەممەل بولۇشى ئۈچۈن ئارتۇقچە مال ۋە يۈز – ئابرۇيدىن يۈز ئۆرۈش لازىم. چۈنكى، زاھىدلىق ئىلمىنىڭ ئاۋۋىلى قىيىندۇر.

ئىبنى مۇبارەك رەھىمەھۇللاھ ئېيتۇر: «زاھىدلىقىنى يوشۇرۇش ئەڭ ئەۋزەل زاھىدلىقتۇر».

بۇنىڭدا ئۈچ ئالامەتكە تايىنىش لازىم:

بىرىنچى: بار نەرسە بىلەن خۇشال بولماسلىق، يوق نەرسىگە قايغۇرماسلىق. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿(ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارنى لەۋھۇلمەھپۇزغا يېزىشى) قولۇڭلاردىن كەتكەن نەرسىگە قايغۇرۇپ كەتمەسلىكىڭلار ۋە ئاللاھ بەرگەن نەرسىلەرگە خۇش بولۇپ كەتمەسلىكىڭلار ئۈچۈندۇر، ئاللاھ مۇتەكەببىرلەر ۋە ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتقۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ﴾(57/«ھەدىد»: 23).

بۇ بولسا مالدا زاھىد بولۇشنىڭ ئالامىتىدۇر.

ئىككىنچى: ئۆز نەزەرىدە ماختىغۇچى بىلەن ئەيىبلىگۈچىنىڭ باراۋەر بولۇشى يۈز – ئابرۇيدىكى زاھىدلىقتۇر.

ئۈچىنچى: ئاللاھ تائالا بىلەن سىردىشىش ۋە قەلبى تائەت – ئىبادەت ھالاۋىتىگە چۆمۈش.

ئىنساننىڭ قەلبىدە بولغان دۇنيا سۆيگۈسى بىلەن بىللە ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈش بەئەينى قاچىدىكى ھاۋا ۋە سۇغا ئوخشاشتۇر. قاچىغا سۇ كىرسە، ھاۋا چىقىپ كېتىدۇ. دېمەككى، ئاللاھ تائالانىڭ مۇھەببىتى بىلەن دۇنيانىڭ مۇھەببىتى تەڭ مەۋجۇد بولمايدۇ. سەلەف سالىهلەردىن بىرىگە:

— زۇھد زاھىدلەرنى قەيەرگە ئېلىپ باردى؟ — دېيىلگەندە، ئۇ كىشى:

— ئاللاھ تائالا بىلەن سىردىشىشقا ئېلىپ باردى، — دەپ جاۋاب بەرگەنىدى.

يەھيا ئىبنى مۇئاز رەھىمەھۇللاھ ئېيتۇر: «دۇنيا مىسالى چاچ تارىغۇچى ئايال تاراپ بېزىگەن يېڭى كېلىنچەككە ئوخشايدۇ. زاھىد بولسا ئۇنىڭ يۈزىگە لاي سۇۋايدۇ، ئۇنىڭ چېچىنى يۇلىدۇ، كىيىمىنى يىرتىدۇ. ئاللاھ تائالانى ھەقىقىي تونۇغۇچى دۇنيا بىلەن ئەمەس، ئاللاھ بىلەن مەشغۇل بولىدۇ». بۇ بولسا زاھىدلىقنىڭ ھەقىقىتى ۋە ئۇنىڭ ئەھكاملىرى ھەققىدە بىز سۆزلىمەكچى بولغان بايانلاردۇر.

زاھىدلىق پەقەت ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۈل قىلىش بىلەن تاماملىنىدۇ.

 

ئىمام ئىبنى قۇدامە ئەلمەقدىسىينىڭ: «مۇختەسەرۇ مىنھاجۇل قاسىدىن» كىتابىدىن.

تەرجىـــمە قىلـــــغۇچى: ئابدۇللاھ ئابدۇلمەجىد


1. «مۇسنەدۇ ئىبنى راھۇۋەيھ»، 2/36.
2. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (5196)؛ مۇسلىم (2736). ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
3. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6460)؛ مۇسلىم (1055).
4. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (5416)؛ مۇسلىم (2970).
5. مۇسلىم (2978).
6. ئەھمەد (7933)؛ تىرمىزىي (2354). ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى. شۇئەيب ئەلئەرنائۇت بىلەن ئالبانىيمۇ: («سەھىھۇلجاﻣﯩﺌ»، 3326، 3327) «سەھىھ» دېگەن.
7. تىرمىزىي (1780). تىرمىزىي بىلەن ئالبانىي: («زەئىفۇلجاﻣﯩﺌ»، 1288) «ئىنتايىن زەئىف» دېگەن.
8. بۇ ھەدىسنى ئەبۇششەيخ: «ئەسسەۋاب» ناملىق كىتابىدا زەئىف سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلغان. قاراڭ: ئىراقىي: «تەخرىجۇ ئەھادىيسى ئىھياﺋ»، 4/89.
9. ئەھمەد (23989)؛ تىرمىزىي (2349). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت بىلەن ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 1506) «سەھىھ» دېگەن. فەزالە ئىبنى ئەبىيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
10. ئەھمەد (2771). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت بىلەن ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇززەئىفە»، 6779) «زەئىف» دېگەن.
11. ئەھمەد (21592)؛ تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، (7814)؛ بەيھەقىي: «شۇئەبۇلئىمان»، (3298). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت بىلەن ئالبانىي: («ئەلئىرۋاﺋ»، 897) «زەئىف» دېگەن. ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
12. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (7164)؛ مۇسلىم (1045).
13. ئەھمەد (17965). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت، ھاكىم (2363) ۋە زەھەبىيلەر: ««سەنەدى سەھىھ» دېگەن. خالىد ئىبنى ئەدىي ئەلجۇھەنىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
14. ئەھمەد (1730)؛ ئەبۇ داۋۇد (1666). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت بىلەن ئالبانىي: («زەئىفۇلجاﻣﯩﺌ»، 4746) «زەئىف» دېگەن. ھۇسەين ئىبنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايىتى.
15. ئەھمەد (23281)؛ نەسائىي (2357). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت بىلەن ئالبانىي: («سەھىھۇلجاﻣﯩﺌ»، 3502) «سەھىھ» دېگەن. ئۇممۇ بۇجەيد ھەۋۋا بىنتى سەكەن رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايىتى.
16. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1474)؛ مۇسلىم (1040). ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايىتى.
17. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1429)؛ مۇسلىم (1033). ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايىتى.
18. ئەبۇ داۋۇد (1626)؛ تىرمىزىي (650)؛ نەسائىي (2429). ئالبانىي: («سەھىھۇ ئىبنى ماجە»، 1490) «سەھىھ» دېگەن.
19. ئەھمەد (23491)؛ تىرمىزىي: (2769) «ھەسەن» دېگەن. ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 613) «سەھىھ» دېگەن. ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايىتى.
20. ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىدە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— كىمكى ئۆز ئېھتىياجىنى قامدىغۇدەك نەرسىسى تۇرۇپ تىلەمچلىك قىلسا، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ تىلەمچىلىكى يۈزىدە تاتۇق ئىزى ياكى تىرناق ئىزى بولۇپ كېلىدۇ، — دېگەندە،

— ئى رەسۇلۇللاھ! ئېھتىياجىنى قانچىلىك پۇل قامدايدۇ؟ — دەپ سورىلىۋىدى، ئاللاھنىڭ رەسۇلى:

— ئەللىك تەڭگە ياكى ئۇنىڭغا باراۋەر (150 گىرام) ئالتۇن، — دەپ جاۋاب بەردى. ئەبۇ داۋۇد (1626)؛ تىرمىزىي (650)؛ نەسائىي (2429)؛ ئالبانىي: («سەھىھۇ ئىبنى ماجە»، 1490) «سەھىھ» دېگەن.
21. ئەھمەد (21630)؛ ئىبنى ماجە (4105)؛ تىرمىزىي (2465). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت بىلەن ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 950) «سەھىھ» دېگەن. ئەنەس ۋە زەيد ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايىتى.
22. ئەھمەد (22158)؛ بەيھەقىي: «شۇئەبۇلئىمان»، (5766). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «زەئىف» دېگەن. ئالبانىي: («سەھىھۇلجاﻣﯩﺌ»، 2668) «ھەسەن» دېگەن. مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
23. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (2567). مۇسلىم (2972).
24. فالۇزەج (فَالُوْذَج): ئۇن بىلەن ھەسەلدىن يۇغۇرۇلۇپ پىشۇرۇلىدىغان بىر خىل ئېسىل تاتلىق تۈرمە. قاراڭ: «ئەرەب تىلى كومىتېتى»: «الْمُعْجَمُ الْوَسِيطُ (ئەلمۇئجەمۇل ۋەسىت)»، 2/700. — ت.
25. خەلىفە ھارۇن رەشىدنىڭ زاھىد ئوغلى ئەھمەد (ھ. 168 – 785 / م. 192 – 808).
26. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (3108)؛ مۇسلىم (2080).
27. ئەسھابى سۇففە / ئەھلى سۇففە (أَصْحَابُ الصُّفَّةِ / أَهْلُ الصُّفَّةِ): «لەمپە ئاستىدا تۇرىدىغانلار» دېگەن مەنىدە بولۇپ، «ئۆزىگە تەۋە تۇرالغۇسى ياكى ئائىلىسى يوق، غېرىب – غۇرەبا، يوقسۇل مۇھاجىر ساھابەلەر ئۈچۈن مەسجىدى نەبەۋىينىڭ ئارقا تەرىپىدىكى لەمپە (سۇففە) لىك قىلىپ سېلىنغان، بارا – بارا بىر مەدرەسە ھالىغا كەلگەن ئورۇندا ئىلىم ئۆگىنىش ۋە ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىللە تۇرغان بىر توپ ساھابەلەر»نى كۆرسىتىدۇ. ئەھلى سۇففە ئىسلامىي ئىلىملەرنىڭ تەرەققىياتىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، تارىخشۇناسلاردىن ئەبۇ نۇئەيم «ھىليەتۇل ئەۋلىياﺋ» ناملىق ئەسەرىدە ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىدىن 100 نى تىزىملىغان. مەدىنەگە ھىجرەت قىلىش، ئۆيلىنىش ياكى ۋاپات بولۇش ياكى سەپەر قىلىش سەۋەبلىك ئۇلارنىڭ سانى ئېشىپ – كېمىيىپ تۇراتتى. جۈملىدىن ئالتە مىڭدىن زىيادە ھەدىس رىۋايەت قىلغان مەشھۇر ساھابە ئەبۇ ھۇرەيرە ئەھلى سۇففەدىن ئىدى. قاراڭ: ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 6/595؛ قازى ئەھمەدنەكرىي: «دەستۇرۇل ئۆلەماﺋ»، 1/86. — ت.
28. ئەبۇ داۋۇد: «ئەلمەراسىل»، (497).
29. بۇخارىي (5672)؛ بۇ سۆز پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەمەس، خەبباب ئىبنى ئەرەت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ سۆزىدۇر.
30. مۇسلىم (1479).
31. بۇخارىي (2468).
32. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ماڭا ئەتىر بىلەن ئاياللار سۆيۈملۈك قىلىندى. كۆڭلۈمنىڭ خۇرسەنلىكى بولسا نامازدا قىلىندى» دېگەن. ئەھمەد (14069)؛ «نەسائىي (3878). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «ھەسەن» دېگەن. ئالبانىي: («سەھىھۇلجاﻣﯩﺌ»، 3124) «سەھىھ» دېگەن.