ئۈمىد قىلىش ۋە قورقۇش ماقامى ۋە ئۇنىڭ دەرىجىلىرى

ئۈمىد قىلىش ۋە قورقۇش ماقامى ۋە ئۇنىڭ دەرىجىلىرى

شۇنى ياخشى بىلگىنكى، ئۈمىدۋارلىق ۋە قورقۇش بەئەينى ئىككى قاناتقا ئوخشاش بولۇپ، بۇ ئىككسى بىلەن ئاللاھ تائالاغا يېقىن كىشىلەر ھەرقانداق ماختىلىدىغان ماقامغا ئۇچىدۇ. شۇنداقلا بۇ ئىككىسى يەنە مىنىدىغان ئىككى ئۇلاغقا ئوخشاش بولۇپ، بۇلار بىلەن ئاخىرەت يولىدىكى بۆسۈش مۈشكۈل بولغان داۋانلاردىن ئېشىپ ئۆتىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۈمىد قىلىش ۋە قورقۇشنىڭ ھەقىقىتى، پەزىلىتى، سەۋەبى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەرنى بايان قىلىش مۇھىمدۇر. بىز ئۇنى ئىككىگە بۆلۈپ بايان قىلىمىز.

بىرىنچى: ئۈمىد قىلىش ھەققىدە.

ئىككىنچى: قورقۇش ھەققىدە.

ئۈمىد قىلىشنىڭ ھەقىقىتىنىڭ بايانى
شۇنى بىلگىنكى، ئۈمىد قىلىش ئاخىرەت يولىدا ماڭغۇچىلارنىڭ ماقاملىرى ۋە ئاللاھ رازىلىقىنى تەلەپ قىلغۇچىلارنىڭ ئەھۋاللىرى جۈملىسىدىندۇر. سۈپەت مۇقىم ۋە ئىزچىل بولسا، ئاندىن «ماقام» دەپ ئاتىلىدۇ. ئەگەر سۈپەت تاسادىپىي ۋە يوقۇلۇشى تېز بولسا، «ئەھۋال» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خۇددى سېرىق رەڭنىڭ ئالتۇننىڭ سېرىقلىقىغا ئوخشاش مۇقىم سېرىقلىق، قورقۇشتىن ھاسىل بولىدىغان سېرىقلىققا ئوخشاش تېز يوقىلىدىغان سېرىقلىق ۋە كېسەلنىڭ سېرىقلىقىغا ئوخشاش ئوتتۇراھال سېرىقلىققا بۆلۈنگىنىگە ئوخشايدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش قەلبنىڭ سۈپەتلىرىمۇ بۇ قىسىملارغا بۆلىنىدۇ. مۇقىم تۇرمايدىغان سۈپەت «ئەھۋال» دەپ ئاتىلىدۇ. چۈنكى، ئۇ قەلبتىن تېز يوقىلىدۇ.

بىلگىنكى، سەن يولۇققان ياخشى كۆرۈلىدىغان نەرسە بولسۇن ياكى يامان كۆرۈلىدىغان نەرسە بولسۇن، ئۇ نەرسىلەر «ھازىر مەۋجۇد بولغان ۋە ئۆتمۈشتە مەۋجۇد بولغان نەرسىلەر» دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ. بىرىنچىسى «تېپىش، تېتىش ۋە ئېرىشىش» دەپ ئاتىلىدۇ. ئىككىنچىسى بولسا «ئەسلەش» دەپ ئاتىلىدۇ.

ئەگەر خىيالىڭغا كېلەچەك ھەققىدە بىرنەرسە كېلىپ، ئۇ نەرسە قەلبىڭنى ئىگەللىسە، بۇ «كۈتۈش ۋە مۇنتەزىر بولۇش» دەپ ئاتىلىدۇ. ئەگەر كۈتۈلگەن نەرسە ياخشى كۆرۈلىدىغان نەرسە بولسا «ئۈمىدۋار بولۇش»، يامان كۆرۈلىدىغان نەرسە بولسا «قورقۇش» دەپ ئاتىلىدۇ.

ئۈمىدۋارلىق ئۆز نەزەرىدە ياخشى كۆرۈلىدىغان نەرسىنى كۈتۈپ «خۇشال بولۇش» دېمەكتۇر. لېكىن، كۈتۈلگەن شۇ نەرسىنىڭ ھاسىل بولىدىغان بىر سەۋەبى بولىدۇ. ئەگەر سەۋەبنىڭ مەۋجۇد ياكى مەۋجۇد ئەمەسلىكى بىلىنمىسە، بۇ «ئارزۇ قىلىش» دەپ ئاتىلىدۇ. چۈنكى، ئۇ سەۋەبسىز كۈتۈشتۇر. «ئۈمىدۋارلىق ۋە قورقۇش» دەپ پەقەت ئىككىلىنىش بولىدىغان نەرسىگە ئېيتىلىدۇ. كەسكىن بولغان نەرسىگە كەلسەك، ئۇنىڭغا «ئۈمىد قىلىش ياكى قورقۇش» دېگەن ئاتالغۇسى قوللىنىلمايدۇ. چۈنكى، «قۇياشنىڭ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ۋە ئۇنىڭ پېتىشىدىن قورقىمەن» دېيىلمەيدۇ. لېكىن، «يامغۇرنىڭ چۈشۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ئۇنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشدىن قورقىمەن» دېيىلىدۇ.

قەلب ئىگىلىرى بىلىدۇكى: دۇنيا ئاخىرەتكە نىسبەتەن خۇددى بىر ئېكىنزارلىقتۇر. قەلب بەئەينى زېمىنغا، ئىمان بولسا شۇ قەلبتىكى ئۇرۇققا ئوخشاش بولۇپ، تائەت – ئىبادەتلەر بولسا زېمىننى تازىلاش ۋە ئۇنى پاكىزلەش، زېمىندا سۇ ئاقىدىغان ئېرىق ۋە ئۆستەڭلەرنى كولاشنىڭ ئورنىدا تۇرىدۇ. دۇنياغا غەرق بولغان قەلب سالغان ئۇرۇق ئۈنمەيدىغان شورلۇق زېمىنغا ئوخشايدۇ. قىيامەت كۈنى بولسا ھوسۇل يىغىش كۈنىدۇر. ھەربىر كىشى پەقەت تېرىغان نەرسىنىڭ ھوسۇلىنى يىغىدۇ. ئىمان ئۇرۇقىنى تېرىغان كىشىنىڭ زىرائىتى ئۆسىدۇ. شورلۇق زېمىندا ئۇرۇق ئۆسمىگىنگە ئوخشاش، قەلب ۋە ئەخلاق ناچار تۇرۇپ ئىماننىڭ مەنپەئەت بېرىشى بەك تەستۇر. شۇڭا، بىر بەندىنىڭ ئاللاھنىڭ كەچۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىشى زىرائەت ئىگىسىنىڭ ئۈمىد قىلىشىغا قىياس قىلىنىشى كېرەك. پاك تۇپراقلىق زېمىن ئىزدەپ، ئۇنىڭغا قۇرتلاپ قالمىغان ياكى سېسىپ قالمىغان ياخشى ئۇرۇقنى تېرىپ، ئۇنى ۋاقتى – ۋاقتىدا سۇ بىلەن سۇغۇرۇپ، زېمىننى تىكەن، ئوت – چۆپ ۋە زىرائەتنى بۇزىدىغان نەرسىلەردىن پاكىزلاپ، زىرائەت ئۆسۈپ، مېۋە بېرىپ بولغۇچە ئاللاھ تائالانىڭ چاقماق ۋە بۇزغۇچى ئاپەتلەرنى دەﻓﺌ قىلىشىنى كۈتۈش «ئۈمىد قىلىش» دەپ ئاتىلىدۇ.

ئېگىز، قاتتىق، شورلۇق ۋە سۇ يېتىپ بارالمايدىغان بىر زېمىنغا ئۇرۇق سېلىپ، ئۇنىڭغا ئەسلا كۆڭۈل بۆلمەي، ھوسۇل يىغىشنى كۈتسە، بۇ كۈتۈش كۈتۈش ئەمەس، بەلكى «ئەخمەقلىق ۋە ئالدىنىش» دەپ ئاتىلىدۇ.

ئەگەر مۇنبەت بىر زېمىنغا ئۇرۇق تېرىسا، لېكىن سۇ بولمىسا ۋە يامغۇر يېغىشىنى كۈتسە، ئۇنىڭ بۇ كۈتۈشى ئۈمىد قىلىش ئەمەس، «قۇرۇق ئارزۇ قىلىش» دەپ ئاتىلىدۇ.

دېمەك، «ئۈمىد قىلىش» ئاتالغۇسى بەندىنىڭ ئىختيارلىقى ئاستىدا ئىچكى سەۋەبلىرى قولاي بولغان ياخشى كۆرۈلىدىغان نەرسىنى كۈتۈشكە ئۇيغۇن كېلىدۇ. بەندىنىڭ ئىختىيارلىقىدا بولمىغان نەرسىلا قالىدۇ. بەندىنىڭ ئىختىيارلىقىدا بولمىغان نەرسە بولسا ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ زىرائەتنى بۇزغۇچى ئامىللارنى قايتۇرۇشتىكى پەزل – ئېھسانىدۇر.

بەندە ئىمان ئۇرۇقىنى چېچىپ، ئۇنى تائەت – ئىبادەت سۇلىرى بىلەن سۇغارسا، قەلبىنى ناچار ئەخلاق تىكەنلىرىدىن پاكىزلاپ، ئاللاھ تائالادىن ئۆزىنى مۇشۇ ئەھۋال ئۈستىدە ئۆلگۈچە مۇستەھكەم قىلىشتىن ئىبارەت پەزل ۋە مەغپىرىتىگە ئېلىپ بارىدىغان گۈزەل رەۋىشتە ھاياتىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى كۈتسە، ئۇنىڭ بۇ كۈتۈشى تائەت – ئىبادەتلەرنى قىلىشقا داۋاملىشىش ۋە ئۆلگۈچە ئىمان تەلەپلىرى بويىچە ئىش قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغان ماختىلىدىغان ئۈمىد قىلىش بولىدۇ.

ئەگەر ئىمان ئۇرۇقىنى تائەت – ئىبادەت سۈيى بىلەن سۇغۇرۇشنى ئۈزسە ياكى قەلب ناچار خۇلقلارغا غەرق ھالدا، دۇنيا لەززەتلىرىگە بېرىلسە، ئاندىن گۇناھلىرىنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشىنى كۈتسە، بۇ ئەخمەقلىق ۋە ئۆزىنى ئالداشتىن باشقا نەرسە ئەمەستۇر.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئۇلاردىن كېيىن، (يامان) ئەۋلادلار تەۋراتقا ۋارىسلىق قىلدى، ئۇلار بۇ دۇنيانىڭ ئەرزىمەس پۇل ـ مېلىنى (ھالال بىلەن ھارامنى ئايرىماي، قارىقويۇق) ئالىدۇ ۋە بىزنى ئاللاھ ئەپۇ قىلىدۇ، دەيدۇ…﴾(7/«ئەئراف»: 169).

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگۈچىنى ئەيىبلىگەن: ﴿ئەگەر مەن پەرۋەردىگارىمغا قايتۇرۇلغاندىمۇ (يەنى قىيامەت بولغاندىمۇ) ئەلبەتتە بۇ باغدىن ياخشىراق جاينى تاپىمەن﴾(18/«كەھف»: 36).

شەدداد ئىبنى ئەۋف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئەقىللىق كىشى ئۆز نەپسىدىن ھېساب ئېلىپ، ئاخىرەت ئۈچۈن ئەمەل قىلغۇچىدۇر؛ ئاجىز كىشى بولسا، ھاۋايى ـ ھەۋەسكە بېرىلىپ، ئاللاھتىن ئۈمىد كۈتۈپ ياتقۇچىدۇر»(1).

مەئرۇف ئەلكەرخىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «سېنىڭ ئۆزۈڭ ئىتائەت قىلمايدىغان زاتنىڭ شەپقەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىشىڭ خارلىق ۋە ئەخمەقلىقتۇر».

ئاللاھ تائالا شۇنىڭ ئۈچۈن مۇنداق دېگەن: ﴿شۈبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقانلار، ھىجرەت قىلغانلار ۋە ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلغانلار – ئەنە شۇنداق كىشىلەر ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر﴾(2/«بەقەرە»: 218).

بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى: بۇ سۈپەتلەرگە ئىگە كىشىلەر ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىشقا لايىق كىشىلەردۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئۇلاردا بار ئۈمىدۋارلىقنى ئۇلارغىلا خاس قىلىشنى ئىرادە قىلمىدى، چۈنكى ئۇلاردىن باشقىلارمۇ ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

شۇنى بىلگىنكى، ئۈمىدۋارلىق ماختىلىدۇ. چۈنكى، ئۈمىد ئەمەل قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ. نائۈمىدلىك ئەيىبلىنىدۇ. چۈنكى، نائۈمىدلىك ئىلىم – مەرىپەت ئۆگىنىشتىن قايتۇرىدۇ. بىر كىشى بىر زېمىننىڭ شورلۇق، سۈيى سىڭىپ كېتىدىغان ۋە ئۇرۇق ئۈنمەيدىغان زېمىن ئىكەنلىكىنى بىلسە، ئۇنىڭغا قىزىقمايدۇ ۋە ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈپ ئۆزىنى چارچاتمايدۇ.

قورقۇشقا كەلسەك، قورقۇش ئۈمىدۋارلىققا قارشى ئەمەستۇر. بەلكى ئۈمىدۋارلىق قورقۇشنىڭ ھەمراھىدۇر. بۇنىڭ بايانى ئالدىمىزدا كېلىدۇ. ئىنشائاللاھ.

ئۈمىدۋارلىق ئەمەللەر بىلەن كۈرەش قىلىش ۋە ئەھۋال قايسى دەرىجىدە ئۆزگىرىشىدىن قەتئىينەزەر، تائەت – ئىبادەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇش يولىغا ئاپىرىدۇ. ئاللاھ تائالاغا داۋاملىق يۈزلىنىش بىلەن لەززەت ئېلىش، ئۇنىڭ بىلەن پىچىرلىشىش ئارقىلىق ھۇزۇر ئېلىش ۋە ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىنى تەمە قىلىپ، ئۇنىڭدىن تىلەشتە سىلىق بولۇش قاتارلىقلار بۇنىڭ بەلگىلىرىدىندۇر. بۇ ئەھۋاللار بىرەر پادىشاھ ياكى بىرەر شەخستىن بىرنەرسە كۈتكەندە كۆرۈلىدىغان ئەھۋاللاردۇر. ئۇشبۇ ئەھۋاللار ئاللاھ تائالا ئالدىدا نېچۈك كۆرۈلمىگەي. شۇڭا، بۇ ئالامەتلەر كۆرۈلمىسە ئۈمىدۋارلىق ماقامىدىن مەھرۇم قالغانلىقنى كۆرسىتىدۇ. دېمەك، كىمكى بۇ ئالامەتلەرسىز، ياخشىلىق ئىرادە قىلىنغانلاردىن بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىكەن، ئۇ ئالدانغان كىشىدۇر.

ئۈمىد قىلىشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا
«سەھىھەين»دە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ‹مەن بەندەمنىڭ مېنى ئويلىغان يېرىدىن چىقىمەن›»(2) يەنە بىر رىۋايەتتە: «گۇمان قىلغۇچى مېنى خاھلىغىنىچە ئويلىسۇن» دېگەن([3]).

مۇسلىم رىۋايەت قىلغان يەنە بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «سىلەر ئاللاھ تائالادىن ياخشىلىق كۈتكەن ھالەتتە ئۆلۈڭلار»(4).

ئاللاھ تائالا داۋۇد ئەلەيھىسسالامغا:

— ئى داۋۇد! مېنى ياخشى كۆرگىن، مېنى ياخشى كۆرگەن كىشىنى ياخشى كۆرگىن، مېنى مەخلۇقاتلارغا سۆيۈملۈك كۆرسەتكىن، — دەپ ۋەھيى قىلغانىدى، داۋۇد ئەلەيھىسسالام:

— پەرۋەردىگارىم! سېنى مەخلۇقاتلارغا قانداق سۆيۈملۈك كۆرسىتىمەن؟ — دېدى. ئاللاھ تائالا:

— مېنىڭ ياخشىلىقلىرىمنى سۆزلىگىن ۋە مېنىڭ نېئمەت ۋە ئېھسانلىرىمنى ئەسلەتكىن، — دېدى(5).

مۇجاھىد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «بىر بەندە قىيامەت كۈنى دوزاخقا تاشلىنىشقا بۇيرۇلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بەندە:

— مەن بۇنداق بولار دېمىگەن ئىدىم، — دەيدۇ، ئاللاھ تائالا:

— سەن قانداق بولار دېگەنىدىڭ؟ — دەيدۇ، ئۇ:

— سېنى مېنىڭ گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلىدۇ، دەپ ئويلىغان ئىدىم، — دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا:

— ئۇنى قويۇۋېتىڭلار، — دەيدۇ»(6).

پەسىل ئۈمىد قىلىشنىڭ دورىسى ۋە ئۈمىد قىلىش ھاسىل بولىدىغان سەۋەب ھەققىدە
شۇنى ياخشى بىلگىنكى، ئۈمىدۋارلىق دورىسىغا ئىككى تۈرلۈك ئادەم موھتاج بولىدۇ.

بىرى ئۈمىدسىزلىنىش غالىب كېلىپ، ئىبادەت قىلىشنى تەرك ئەتكەن ئادەم.

يەنە بىرى قورقۇش غالىب كېلىپ، ئۆزىگە ۋە ئەھلىگە زىيان يەتكۈزگەن ئادەم.

تائەت – ئىبادەت قىلىشتىن يۈز ئۆرۈپ تۇرۇپ ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىنى ئارزۇ قىلغۇچى، ئالدانغان، ئاسىي كىشىگە پەقەت قورقۇش دورىسىنى ئىشلەتمەك كېرەك. چۈنكى، ئۈمىدۋارلىق دورىلىرى ئۇنداق كىشى ئۈچۈن بەئەينى زەھەر بولىدۇ. بۇ خۇددى ھەسەلنىڭ سوغۇقى ئېشىپ كەتكەن كىشىگە شىپا، ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەن كىشىگە ئوغا بولغىنىغا ئوخشايدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن، كىشىلەرگە ۋەز – نەسىھەت قىلغۇچى مۇلايىم ۋە كېسەللىكنىڭ مەنبەسىگە قاراپ ھەر كېسەللىكنى ئۆز لايىقىدا دورا بىلەن داۋالايدىغان كىشى بولۇشى كېرەك. بۇ زاماندا كىشىلەرنى ئۈمىدلەندۈرۈشكە بولمايدۇ، ياخشىسى ئۇلارنى قاتتىق چۆچۈتۈش كېرەك. ۋەز – نەسىھەت قىلغۇچىنىڭ بىمارلارنى ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن ئۆزىگە قەلبلەرنى مايىل قىلىش مەقسىتى بولسا، ئۈمىدۋار بولۇشنىڭ پەزىلەتلىرىنى سۆزلىسە بولىدۇ.

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «كىشىلەرنى ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەندۈرمىگەن ھەم ئاللاھ تائالانىڭ ئازابىدىن خاتىرجەم قىلمىغان كىشى ھەقىقىي ئالىمدۇر»(7).

بۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە شۇنى بىلگىنكى، ئۈمىدۋارلىق ئىبرەت ئېلىش ۋە ئوقۇش – ئاڭلاش بىلەنمۇ ھاسىل بولىدۇ.

ئىبرەت ئېلىش بىز «شۈكۈر قىلىش ھەققىدە» دېگەن تېمىدا بايان قىلغان بارلىق نېئمەت تۈرلىرىنى ئويلىنىشتۇر. ئىنسان ئاللاھ تائالانىڭ دۇنيادا مۇئمىن بەندىلىرىگە قىلغان ئېھسانلىرىنى، ئىنسان تەبىئىتىگە رىئايە قىلغان ئاجايىپ ھېكمەتلىرىنى، ئىلاھىي ئېھسانلىرىنىڭ بەندىلەرنىڭ دۇنيادىكى نازۇك مەنپەئەتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ مەرتىۋىسىنى يۇقىرى قىلغانلىقىنى بىلسە، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارنى مەڭگۈلۈك ھالاكەتكە ئېلىپ بېرىشقا رازى بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتەلەيدۇ. چۈنكى، دۇنيا ۋە ئاخىرەتنى باشقۇرۇپ تۇرغۇچى زات بىر بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ زات دۇنيادا مۇئمىن بەندىلىرىگە ئېھسان قىلغانىكەن، ئاخىرەتتىمۇ ھەم ئۇلارغا ئېھسان قىلىدۇ.

ئايەتلەر ۋە ھەدىسلەرگە قاراش (ئوقۇش ياكى ئاڭلاش) قا كەلسەك، بۇ ھەقتە ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ شۇ سۆزلىرى بار: ﴿(ئى مۇھەممەد! مېنىڭ تىلىمدىن) ئېيتقىنكى، «(گۇناھلارنى قىلىۋېرىپ) ئۆزلىرىگە جىنايەت قىلغان بەندىلىرىم! ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن (خاھلىغان ئادەمنىڭ) جىمى گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر﴾(39/«زۇمەر»: 53).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: ﴿پەرىشتىلەر پەرۋەردىگارىغا تەسبىھ ئېيتىدۇ، ھەمد ئېيتىدۇ، يەر يۈزىدىكىلەرگە مەغپىرەت تىلەيدۇ. بىلىڭلاركى، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر﴾(42/«شۇرا»: 5).

ئاللاھ تائالا دۈشمەنلىرىگە دوزاخنى تەييار قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلىپ، دوستلىرىنى دوزاختىن قورقۇتۇپ مۇنداق دېگەن: ﴿«ئۇلارنى ئۈستىدىنمۇ قاتمۇقات ئوت، ئاستىدىنمۇ قاتمۇقات ئوت ئورىۋالىدۇ، شۇ (قاتتىق ئازاب) بىلەن ئاللاھ بەندىلىرىنى قورقۇتىدۇ». ئى بەندىلىرىم! (ئازابىمدىن) قورقۇڭلار﴾(39/«زۇمەر»: 16). ﴿كافىرلار ئۈچۈن تەييارلانغان دوزاختىن (يەنى دوزاخقا كىرىشكە سەۋەب بولىدىغان يامان ئىشلاردىن) ساقلىنىڭلار﴾(3/«ئال ئىمران»: 131). ﴿سىلەرنى لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتتىن ئاگاھلاندۇردۇم. ئۇنىڭغا پەقەت (ھەقنى) ئىنكار قىلغان، (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈگەن ئادەملا كىرىدۇ﴾(92/«لەيل»: 16). ﴿ئىنسانلار زۇلۇم قىلسىمۇ، پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ئۇلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. پەرۋەردىگارىڭ (گۇناھلارغا چۆمۈپ تەۋبە قىلمىغانلارنى) شەك – شۈبھىسىز قاتتىق جازالايدۇ﴾(13/«رەئد»: 6).

بۇ ھەقتىكى ھەدىسلەردىن تۆۋەندىكىلەر بار.

ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەيدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئىبلىس ئاللاھ ئەززە ۋەجەللەگە: ‹سېنىڭ ئەزىزلىكىڭ ۋە ئۇلۇغلۇقۇڭ بىلەن قەسەمكى! ئادەم بالىلىرى ھاياتلا بولىدىكەن ئۇلارنى داۋاملىق ئازدۇرىمەن› دېگەندە، ئاللاھ تائالا: ‹مېنىڭ ئەزىزلىكىم ۋە ئۇلۇغلۇقۇم بىلەن قەسەمكى! ئۇلار مەندىن مەغپىرەت تىلەپلا تۇرسا، ئۇلارنى مەغپىرەت قىلىپ تۇرىمەن› دېگەن»(8).

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «جېنىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى! ئەگەر سىلەر گۇناھ قىلمىساڭلار، ئەلبەتتە ئاللاھ سىلەرنى يوق قىلىۋېتىپ، گۇناھ قىلىدىغان بىر قەۋمنى كەلتۈرەتتى، ئاندىن ئۇلار مەغپىرەت تىلىسە، ئۇلارنى مەغپىرەت قىلاتتى»(9).

«سەھىھەين»دە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھابەلەرگە:

— ھەقنى ئىزدەپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىڭلار، ھەقكە يېقىنلىشىڭلار ۋە ساۋاب بىلەن خۇشال بولۇڭلار. ھېچبىر كىشىنى قىلغان ئەمىلى جەننەتكە كىرگۈزەلمەيدۇ، — دېگەنىدى، ساھابەلەر:

— ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! سىلىنىمۇ شۇنداقمۇ؟ — دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— مېنىمۇ، پەقەتلا ئاللاھ مېنى ئۆز رەھمىتى ۋە پەزلى بىلەن يۆگىسە ئاندىن، — دېدى»(10).

«سەھىھەين»دە ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە قىيامەت كۈنى:

— ئى ئادەم! — دەيدۇ. ئادەم ئەلەيھىسسالام:

— رەببىمىز! خوش، تائىتىڭگە تەييارمەن، پۈتۈن ياخشىلىق سېنىڭ قولۇڭدا، — دەيدۇ. ئاللاھ:

— ئەۋلادلىرىڭدىن دوزاخقا ئەۋەتىلىدىغانلارنى ئايرىغىن، — دەپ بۇيرۇيدۇ، ئادەم:

— ئى رەببىم! دوزاخقا ئەۋەتىلىدىغانلارنىڭ سانى قانچىلىك بولىدۇ؟ — دەيدۇ. ئاللاھ:

— ھەر بىر مىڭدىن توققۇز يۈز توقسان توققۇزى ئەۋەتىلىدۇ، — دەيدۇ. بۇ چاغدا بالىلارنىڭ چاچلىرى ئاقىرىپ كېتىدۇ. ﴿ھامىلىدارنىڭ بويىدىن ئاجراپ كېتىدۇ، ئىنسانلارنى مەست كۆرىسەن، ھالبۇكى، ئۇلار (ھەقىقەتتە) مەست ئەمەس (دېمەك، قىيامەتنىڭ دەھشىتى ئۇلارنى ئەس ـ ھوشىدىن كەتكۈزۈۋەتكەن)، لېكىن ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر﴾(22/«ھەج»: 2)، — دەيدۇ.

يۇقىرىقىلارنى ئاڭلاپ، رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىدا تۇرغانلارنىڭ چىرايى ئۆڭۈپ كەتتى. رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا:

— دوزاخقا ئەۋەتىلىدىغانلارنىڭ مىڭدىن توققۇز يۈز توقسان توققۇزى يەئجۇج – مەئجۇجلاردىن بولىدۇ. مىڭدىن بىرى ئەھلى جەننەتى بولۇپ، ئۇ سىلەردىن بولىدۇ. ئاندىن سىلەر كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ئاق ئۆكۈزنىڭ بېقىنىدىكى بىر تال قارا تۈكتەك ياكى قارا ئۆكۈزنىڭ بېقىنىدىكى بىر تال ئاق تۈكتەك ئاز بولىسىلەر، مەن سىلەرنىڭ جەننەت ئەھلىنىڭ تۆتتىن بىرىنى تەشكىل قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، — دېدى. بىز بۇنى ئاڭلاپ تەكبىر ئېيتتۇق، ئاندىن كېيىن رەسۇلۇللاھ:

— جەننەت ئەھلىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى تەشكىل قىلىسىلەر، — دېدى. بىز تەكبىر ئېيتتۇق، ئاندىن كېيىن:

— ئەھلى جەننەتنىڭ يېرىمىنى تەشكىل قىلىسىلەر، — دېدى. بىز تەكبىر ئېيتتۇق»(11).

دېمەك، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قورقۇتقۇچى سۆزلەرنى قانداق كەلتۈرگەنلىكىگە قارىغىن، قورقۇتقۇچى سۆزلەر ئۇلارنى بىئارام قىلغاندا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارغا رەھىمدىل سۆزلەرنى ئېيتتى.

قەلبلەر ھاۋايى – ھەۋەسكە مايىل بولغاندا، ئۇنى بىئارام قىلىدىغان سۆزلەرنى سۆزلەش كېرەك. ئەكسىچە، قەلبلەر قاتتىق بىئارام بولغاندا، نورماللىققا قايتىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ بىئاراملىقىنى بېسىقتۇرىدىغان سۆزلەرنى ئېيتىش كېرەك.

ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى ئىنساننىڭ خىيالىغا كىرىپ باقمىغان دەرىجىدە بەندىلەرگە مەغپىرەت قىلىدۇ»(12).

رىۋايەت قىلىنىدۇكى، «بىر مەجۇسىي ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامدىن ئۆزىنى مېھمان قىلىشىنى تەلەپ قىلدى، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۇنى مېھمان قىلماي: ‹مۇسۇلمان بولساڭ مېھمان قىلىمەن› دېدى. ئاللاھ تائالا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ۋەھيى قىلىپ: ‹ئى ئىبراھىم! مەن ئۇنىڭ كافىر بولۇشىغا قارىماي 70 يىلدىن بۇيان ئۇنىڭغا يېمەك بەردىم، (سەن يېمەك بەرمىدىڭ)› دېدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام مەجۇسىينىڭ كەينىدىن بېرىپ، ئۇنى توختاتتى ۋە ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ ۋەھيىسىنى ئاڭلاتتى. شۇنىڭ بىلەن مەجۇسىي ئاللاھ تائالانىڭ رەھىمدىللىكىدىن ھەيرەتلىنىپ مۇسۇلمان بولدى».

بۇ سەۋەبلەر بىلەن قورققۇچىلار ۋە ئۈمىدسىزلەنگۈچىلەرنىڭ قەلبلىرىگە ئۈمىد روھى جەلپ قىلىنىدۇ. مەغرۇر، ئەخمەقلەرگە كەلسەك، ئۇلارغا بۇلاردىن ھېچنەرسە ئاڭلىتىلماسلىقى كېرەك. بەلكى ئۇلارغا بىز ئالدىمىزدا كەلتۈرىدىغان قورقۇتقۇچى سۆزلەر ئاڭلىتىلىشى كېرەك. چۈنكى، كۆپىنچە كىشىلەر تاياق يېسە، ئاندىن توغرا يولدا ماڭىدىغان قۇلغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇلارنى پەقەت قورقۇتۇش ئارقىلىقلا ئىسلاھ قىلغىلى بولىدۇ.

 

ئىككىنچى قىسىم: قورقۇش، ئۇنىڭ ھەقىقىتى، دەرىجىلىرى ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار ھەققىدە
قورقۇشنىڭ ھەقىقىتىنىڭ بايانى
شۇنى ياخشى بىلگىنكى، قەلبنىڭ كېلەچەكتە يامان كۆرۈلىدىغان بىر ئىشنىڭ يۈز بېرىپ قېلىشىنى كۈتكەنلىكتىن قاتتىق ئاغرىق تارتىشى ۋە ئازابلىنىشى «قورقۇش» دېيىلىدۇ.

بۇنىڭ مىسالى: پادىشاھنىڭ قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈپ، پادىشاھ تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان كىشى پادىشاھنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈشىدىن قورقىدۇ ۋە يەنە «پادىشاھ مېنىڭ گۇناھىمنى ئەپۇ قىلىشىمۇ مۇمكىن» دەپ ئويلايدۇ. لېكىن، ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە ئېلىپ بارىدىغان سەۋەبلەرنى ۋە جىنايىتىنىڭ قەبىھلىكى، جىنايەتنىڭ پادىشاھقا بولغان تەسىرىنى قانچە كۈچلۈك ھېس قىلسا، ئۇنىڭ قەلبى شۇنچە ئازابلىنىدۇ. ئۆلتۈرۈشكە ئېلىپ بارىدىغان سەۋەبلەر ئاجىز بولغانسېرى قورقۇنچىمۇ ئاجىز بولىدۇ.

بەزىدە قورقۇش جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىك سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى قورقۇتقۇچىنىڭ سالاھىيىتى، كاتتىلىقى ۋە ئۇلۇغلۇقىدىن بولىدۇ. چۈنكى، كىشى ئاللاھ تائالا ئەگەر پۈتۈن ئالەمنى ھالاك قىلماقچى بولسا، ھېچنېمىگە پەرۋا قىلمايدىغانلىقى ۋە ئۇنى چەكلىگۈچى يوقلۇقىنى بىلىدۇ. شۇڭا، ئىنسان ئۆزىنىڭ ئەيىبلىرىنى بىلىش، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋە بارچىدىن بىھاجەتلىكى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ قىلغان ئىشىدىن سوئال قىلىنمايدىغانلىقىنى(13) بىلگەنسېرى كىشىدە قورقۇش پەيدا بولىدۇ.

ئۆزىنى ۋە پەرۋەردىگارىنى ھەقىقىي تونۇغان كىشى كىشىلەر ئىچىدىكى ئەڭ قورقىدىغان كىشىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مەن ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئاللاھنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغان ۋە ئاللاھتىن ئەڭ قاتتىق قورقىدىغان كىشىمەن»(14).

ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئاللاھتىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ﴾(35/«فاتىر»: 28).

ھەقىقىي تونۇش مۇكەممەل بولسا قورقۇشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قورقۇشنىڭ ئالامىتى قەلبتە تاشىدۇ. ئاندىن ئورۇقلاش، سارغىيىش، يىغلاش ۋە ئايلىنىپ كېتىش قاتارلىقلار بىلەن سالاھىيەت ۋە بەدەن – ئەزالاردا ئەكس ئېتىدۇ. قورقۇش بەزىدە ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدۇ. بەزىدە مېڭىگە ئۆرلەپ ئەقىلنى بۇزىدۇ.

قورقۇش ئالامىتىنىڭ بەدەن ئەزالىرىدا كۆرۈلۈشى بولسا ئىنسان ئۆز سەھۋەنلىكلىرىنى تولۇقلىشى ۋە ئاخىرەتكە تەييارلىق قىلىشى ئۈچۈن، بۇ ئەزالارنى گۇناھ – مەئىسيەتلەردىن توختىتىش ۋە تائەت – ئىبادەتلەرنى قىلىشقا مەجبۇرلاش بىلەن بولىدۇ.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «قورققان كىشى قونماستىن يولىنى داۋاملاشتۇرىدۇ»(15).

بىر ئالىم مۇنداق دېگەن: «يىغلىغان كىشى قورققان بولمايدۇ، گۇناھ قىلىشقا قادىر تۇرۇپ ئۇنى تەرك ئەتكەن كىشى ھەقىقىي قورققان كىشى ھېسابلىنىدۇ».

قورقۇشنىڭ مېۋىلىرىدىن: قورقۇش شەھۋەتلەرنى قومۇرۇپ تاشلايدۇ، لەززەتلەردىن توسىدۇ. شۇنىڭ بىلەن خۇددى ھەسەلدە زەھەر بارلىقىنى بىلگەن كىشىگە ھەسەل يامان كۆرۈلىدىغان نەرسىگە ئايلانغىنىدەك، ئىنسانغا يېقىشلىق بولغان گۇناھلار ئاللاھ تائالادىن قورققان كىشىگە يامان كۆرۈلىدىغان گۇناھلارغا ئايلىنىدۇ. شۇ ئارقىلىق شەھۋەتلەر قورقۇنچ ئوتى بىلەن كۆيىدۇ، بەدەندىكى ئەزالار ساپلىشىدۇ، قەلب ئاللاھ تائالا ئۈچۈن خار بولىدۇ، ئاجىزلىشىدۇ، ئۇنىڭدىن تەكەببۇرلۇق، ئاداۋەت، ھەسەت يوقىلىدۇ، پۈتۈن غېمى قورقۇش بولۇپ، ئاخىرەتتىكى خەتەرگە قارايدۇ، باشقا غەملەرگە ۋاقتى چىقمايدۇ، ئۇنىڭ ئاللاھ تائالانى كۆز ئالدىدا تۇتۇش، ئۆزىدىن ھېساب ئېلىش، نەپسىگە قارشى جىھاد قىلىش، ئالغان نەپەس، ۋاقىت – سائەت، ئوي – خىيال، ماڭغان قەدەم ۋە قىلغان سۆزلىرىگە قارىتا نەپسىدىن ھېساب ئېلىشتىن باشقا مەشغۇلاتى بولمايدۇ ۋە ئۇنىڭ ئەھۋالى يىرتقۇچ ھايۋاننىڭ پەنجىسىگە چۈشۈپ قالغان كىشىنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاش بولىدۇ. شۇندا كىشى ھايۋان بىخەستەلىك قىلغان زامات قېچىپ كېتەمدۇ ياكى ھايۋان ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى ھالاك قىلامدۇ؟ بىلەلمەيدۇ. ئۇنىڭ شۇ ھايۋاندىن قۇتۇلۇشتىن باشقا مەركەزلىشىدىغان ئىشى بولمايدۇ.

دېمەك، ئاللاھ تائالانى كۆز ئالدىدا تۇتۇش ۋە ئۆزىدىن ھېساب ئېلىش تۇيغۇسىنىڭ كۈچلۈك ياكى ئاجىز بولۇشى ئاللاھ تائالادىن قورقۇش تۇيغۇسىنىڭ كۈچلۈك ياكى ئاجىز بولۇشىغا قاراپ بولىدۇ. ئاللاھ تائالادىن قورقۇش تۇيغۇسىنىڭ كۈچلۈك ياكى ئاجىز بولۇشى ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلۇغلۇقىنى، سۈپەتلىرىنى، نەپسىنىڭ ئەيىبلىرىنى، نەپسىنىڭ ئالدىدىكى خەتەرلەر ۋە قورقۇنچلارنى بىلىش تۇيغۇسىنىڭ كۈچلۈك ياكى ئاجىز بولۇشىغا قاراپ كۈچلۈك ياكى ئاجىز بولىدۇ.

تەسىرى ئەمەللەردە ئاشكارا بولىدىغان ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدىكى قورقۇش بولسا ئاللاھتىن قورقۇش تۇيغۇسىنىڭ چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلىشتىن چەكلىشىدۇر. ئەگەر ئاللاھ تائالادىن قورقۇش تۇيغۇسى ھارام بولۇش ئىمكانى يۇقىرى بولغان ئىشنى قىلىشتىن چەكلىسە، «تەقۋالىق» دەپ ئاتىلىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭغا تۇرمۇشنىڭ ئارتۇقچە نەرسىلىرىنى تەلەپ قىلماي ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولۇش ۋە شۇنىڭغا بېرىلىش قوشۇلسا، ئۇ «راستچىللىق» دەپ ئاتىلىدۇ.

پەسىل
قورقۇشنىڭ دەرىجىلىرى، ئۇنىڭ كۈچلۈك ۋە ئاجىز بولىدىغانلىقى توغرىسىدا

شۇنى بىلگىنكى، قورقۇش ئاللاھ تائالانىڭ قامچىسىدۇر. بەندىلەرنىڭ ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىش مەرتىۋىسىگە يېتىشى ئۈچۈن، ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنى قورقۇش قامچىسى بىلەن داۋاملىق ئىلىم ئۆگىنىش ۋە ئەمەل قىلىشقا ھەيدەيدۇ.

قورقۇش: ھەددىدىن ئاشقان، ئوتتۇراھال ۋە يېتەرسىز قاتارلىق دەرىجىلەرگە بۆلۈنىدۇ.

قورقۇشنىڭ ئوتتۇراھال بولغىنى ماختىلىدۇ.

ئوتتۇراھال قورقۇش مىسالى ساۋىدىغۇچى قامچىغا ئوخشايدۇ. قامچا بىلەن پات – پات ساۋىداپ تۇرۇش ھايۋانغا نىسبەتەن ئەڭ ياخشىدۇر. ھايۋاننى بەك ئۇرۇشمۇ ياخشى ئەمەس. قورقۇش ھەددىدىن ئاز بولۇشمۇ ماختالمايدۇ. قورقۇشى كەمچىل كىشى بولسا بىرەر ئايەتنى ئاڭلىغاندا ياكى قورقۇنچلۇق بىر ئىش يۈز بەرگەندە، قورقۇنچ بېسىپ يىغلايدىغان، قورقۇنچ ئۆتۈپ كەتسە قەلبى غەپلەتكە قايتىدىغان كىشىگە ئوخشاش بولۇپ، بۇ پايدىسى ئاز، كۈچسىز بولغان قورقۇشتۇر. بۇ قورقۇش خۇددى كۈچلۈك بىر ھايۋاننى ساۋىدايدىغان ئاجىز بىر تاياققا ئوخشايدۇ. ئاجىز تاياق كۈچلۈك ھايۋانغا قاتتىق ئەلەم سالالمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى مەقسەتكە ھەيدىيەلمەيدۇ ۋە ئۇنى تەربىيەلەشكە لايىق كەلمەيدۇ. بۇ خىل قورقۇش ئالىملار ۋە ئاللاھ تائالانى ھەقىقىي تونۇغۇچىلاردىن باشقا بارلىق كىشىلەرگە غالىب كەلگەن بىر قورقۇشتۇر. يەنى ئالىم دېگەندە، ئاللاھ تائالانى ۋە ئۇنىڭ ئايەتلىرىنى بىلگۈچىلەرنى كۆزدە تۇتىمىز. ئۇلار ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ. ئىلىم ئالامەتلىرى بىلەن ئۆزلىرىگە ئالامەت قويۇۋالغان ساختا ئالىملارغا كەلسەك، ئۇلار ئاللاھ تائالادىن قورقۇش تۇيغۇسىدىن ئەڭ يىراق كىشىلەردۇر.

بىرىنچى دەرىجە بولغان ھەددىدىن ئاشقان قورقۇش تۇيغۇسىغا كەلسەك، ئۇ كۈچىيىپ، ئوتتۇراھاللىق چېگراسىدىن ئۆتۈپ، ئىنساننى ئۈمىدسىزلىنىش ۋە ئۈمىدىنى ئۈزۈشكە ئېلىپ بارىدىغان قورقۇشتۇر. بۇ دەرىجىمۇ ياخشى ئەمەستۇر. چۈنكى، بۇ دەرىجىدىكى قورقۇش ئىنساننى ئەمەل قىلىشتىن توسۇپ قويىدۇ. بەزىدە ئىنساننى كېسەللىك، ھاڭۋاقتىلىق ۋە ئۆلۈشكە ئېلىپ بارىدۇ. بۇ ھالەت ماختالمايدۇ. ھەرقانداق نەرسىدىكى ماختىلىدىغان تەرەپ ئۇ نەرسىنىڭ مەقسەت قىلىنغان نىشانغا يەتكۈزىدىغان بولۇشىدۇر. بۇنىڭدىن كەم ياكى ئېشىپ كەتكەن بولسا ئەيىبلىنىدۇ.

ئېھتىيات قىلىش، پەرھىزكارلىق، تەقۋالىق، نەپسىگە قارشى جىھاد قىلىش، زىكىر ئېيتىش، ئىبادەت قىلىش ۋە ئاللاھ تائالاغا يەتكۈزىدىغان باشقا ئەمەللەرنى قىلىش قورقۇش تۇيغۇسىنىڭ پايدىسىدۇر. بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ساغلام بەدەن ۋە ساغلام ئەقىل بىلەن ياشاشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇنىڭ بىرەرسى زىيانغا ئۇچرىسا ئەيىبلىنىدۇ.

سوئال: قورقۇش ئىچىدە ئۆلۈپ كەتكەن كىشى ھەققىدە نېمە دەيسەن؟

جاۋاب: قورقۇش ئىچىدە ئۆلۈپ كەتكەن كىشى قورقمىغان ھالدا ئۆلۈپ كەتكەن كىشى ئېرىشەلمەيدىغان مەرتىۋىگە ئېرىشىدۇ. لېكىن، ئەگەر ئۇ ياشىسا ۋە ئىلىم – مەرىپەت، مۇئامىلە دەرىجىلىرىگە ئۆرلىسە، ئەۋزەل بولغان بولاتتى. چۈنكى، ئاللاھ تائالانىڭ تائىتىدە ئۆمرى ئۇزۇن بولۇش ئەڭ ئەۋزەل بەختتۇر. ئۆمۈرنى، ئەقىلنى ۋە ساقلىقنى يوق قىلىدىغان ھەرقانداق نەرسە كەمچىلىك ۋە زىياندۇر.

قورقۇشنىڭ قىسىملىرى توغرىسىدا
شۇنى بىلگىنكى، قورققۇچىلارنىڭ مەرتىۋىلىرى بىر – بىرىگە ئوخشىمايدۇ. ئۇلاردىن تەۋبە قىلىشنىڭ ئالدىدا قەلبى ئۆلۈم قورقۇنچىغا تەسلىم بولىدىغان كىشىلەر بار. بەزىلەر ئاللاھ تائالانىڭ نېئمەتلەر بىلەن ئاستا – ئاستا جازالايدىغانلىق قورقۇنچىغا چۆمىدۇ. بەزىلەر توغرا يولدىن ئېزىپ كېتىشتىن قورقۇش تۇيغۇسىغا يېڭىلىدۇ. بەزىلەرنى ھاياتىنىڭ يامان ھالەتتە ئاخىرلىشىش قورقۇنچى چىرمايدۇ. بۇنىڭدىنمۇ يۇقىرىسى پۈتمىش (تەقدىر) تىن قورقۇشتۇر. چۈنكى، ھاياتنىڭ ئاخىرلىشىشىمۇ پۈتمىشنىڭ بىر پارچىسىدۇر. ئاللاھ تائالا خاھلىغان كىشىنىڭ مەرتىۋىسىنى ھېچ ۋاسىتىسىز كۆتىرىدۇ، خاھلىغان كىشىنىڭ مەرتىۋىسىنى ھېچ ۋاسىتىسىز چۈشۈرىدۇ. ﴿ئاللاھ قىلغان ئىشىدىن سورالمايدۇ﴾(21/«ئەنبىياﺋ»: 23).

ئاللاھ تائالا بىر ھەدىس قۇدسىيدا مۇنداق دېگەن: «ماۋۇلار جەننەتتە بولىدۇ، پەرۋا قىلمايمەن. ئاۋۇلار دوزاختا بولىدۇ، پەرۋا قىلمايمەن»(16).

بەزىلەر سەكراتتىن ۋە ئۆلۈم قىيىنچىلىقىدىن ياكى مۇنكىر – نەكىرنىڭ سوئالىدىن، ياكى قەبرە ئازابىدىن قورقىدۇ.

بەزىلەر ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىدىكى ھەيۋەتتىن، ھېساب ئېلىنغاندا ئىنچىكە ھېساب ئېلىنىشتىن، پىلسىرات كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈشتىن، دوزاخ ۋە دوزاختىكى قورقۇنچلۇق ئازابلاردىن قورقىدۇ ياكى جەننەتتىن مەھرۇم قېلىشتىن، ياكى ئاللاھ تائالا بىلەن ئوتتۇرىدا پەردە تارتىلىشىدىن قورقىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى يامان كۆرۈلىدىغان ۋە قورقۇنچ قوزغايدىغان سەۋەبلەردۇر.

ئاللاھ تائالا بىلەن ئۆزى ئوتتۇرىدا پەردە تارتىلىشىدىن قورقۇش مەرتىۋىسى قورقۇشنىڭ ئەڭ ئالىي مەرتىۋىسى بولۇپ، بۇ ئاللاھ تائالانى ھەقىقىي تونۇغۇچىلارنىڭ قورقۇشىدۇر. بۇنىڭ ئالدىدىكىسى زاھىدلار ۋە ئابىدلارنىڭ قورقۇشىدۇر.

پەسىل: قورقۇش ۋە ئۈمىد قىلىشنىڭ پەزىلىتى ۋە ئىككىسىدىن غالىب بولۇشى كېرەك بولغان سۈپەت ھەققىدە
ھەرقانداق نەرسىنىڭ پەزىلىتى ئۇنىڭ بەخت – سائادەتنى تەلەپ قىلىشقا ياردىمى بولۇش مىقدارىچە بولىدۇ. بەخت – سائادەت بولسا ئاللاھ تائالاغا ئۇچرىشىش ۋە ئۇنىڭغا يېقىنلىشىشتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاللاھ تائالاغا ئۇچرىشىش ۋە ئۇنىڭغا يېقىنلىشىشقا ياردەم بەرگەن ھەرقانداق نەرسە پەزىلەتلىكتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ (ھېساب بېرىشتىن) قورققان ئادەمگە ئىككى جەننەت بار﴾(55/«ئەرراھمان»: 46)، ﴿ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولىدۇ، ئۇلارمۇ ئاللاھتىن مەمنۇن بولىدۇ. بۇنىڭغا پەرۋەردىگارىدىن قورققان ئادەم ئېرىشىدۇ﴾(98/«بەييىنە»: 8).

بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «بىر بەندىنىڭ تېنىنى ئاللاھ تائالادىن قورقۇپ تىترەك باسسا، ئۇنىڭ گۇناھلىرى قۇرۇق دەرەختىن غازاڭ تۆكۈلگەندەك تۆكۈلىدۇ»(17).

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە بىر ھەدىستە مۇنداق دېگەن: «قەلبىدە ئاللاھ تائالادىن قورقۇش تۇيغۇسى بار كىشىگە ئاللاھ تائالا غەزەپلەنمەيدۇ»(18).

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە مۇنداق دەيدۇ: ‹قۇدرىتىم ۋە ئۇلۇغلۇقۇم بىلەن قەسەمكى! مەن بەندەمگە ئىككى قورقۇنچ بىلەن ئىككى خاتىرجەملىكنى تەڭ جەم قىلمايمەن، بەندەم مەندىن دۇنيادا ئەمىن بولسا، ئۇنى قىيامەت كۈنى قورقۇتىمەن، ئەگەر مەندىن دۇنيادا قورقسا، ئۇنى قىيامەت كۈنى خاتىرجەم قىلىمەن›»(19).

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئىككى تۈرلۈك كۆزگە مەڭگۈ دوزاخ ئوتى يەتمەيدۇ: ئاللاھتىن قورقۇپ يىغلىغان كۆز ۋە ئاللاھ يولىدا كېچىدە قاراۋۇللۇق قىلغان كۆز»(20).

قورقۇشنىڭ كۈچلۈك بولۇشى ئەۋزەلمۇ ياكى ئۈمىد قىلىشنىڭ كۈچلۈك بولۇشى ئەۋزەلمۇ، ۋەياكى ئىككىلىسىنىڭ ئوتتۇراھال بولۇشى ئەۋزەلمۇ؟ دېگەننىڭ بايانى توغرىسىدا
سوئال:

«قورقۇش ئەۋزەلمۇ ياكى ئۈمىد قىلىشمۇ؟» دەپ سورىغۇچىنىڭ سۆزى «نان ئەۋزەلمۇ ياكى سۇ ئەۋزەلمۇ؟» دەپ سورىغىنىغا ئوخشاشمۇ؟

جاۋاب: «ئاچ قالغان كىشىگە نان ئەۋزەل، ئۇسسۇز قالغان كىشىگە سۇ ئەۋزەل». ئەگەر ئاچلىق بىلەن ئۇسسۇزلۇق تەڭ كەلگەن بولسا، قايسىسى قاتتىق بولسا شۇنىڭغا قارىلىدۇ، ئەگەر ئىككىلىسى باراۋەر بولسا، مەرتىۋىسىمۇ باراۋەر بولىدۇ.

قورقۇش ۋە ئۈمىد قىلىش قەلبلەرنى داۋالايدىغان ئىككى دورىدۇر. ئىككىسىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ئۆز نۆۋىتىدە مەۋجۇد بولغان دورىنىڭ ھېسابىچە بولىدۇ. ئەگەر قەلب ئاللاھ تائالانىڭ ئازابىدىن خاتىرجەم ۋە گۇناھقا مايىل بولسا، بۇ ھالدا قورقۇش ئەۋزەل. ئەگەر بىر كىشى ئۈمىدسىزلەنگەن ۋە ئۈمىدىنى ئۈزگەن بولسا، ئۇ كىشى ئۈچۈن ئۈمىدۋارلىق ئەۋزەلدۇر. خۇددى «ئىسكەنجىۋىلدىن نان ئەۋزەل» دېيىلگەندەك قورقۇش مۇتلەق ئەۋزەل دېيىشمۇ توغرىدۇر. چۈنكى، نان بىلەن ئاچلىق، ئىسكەنجىۋىل بىلەن سەپرا شىپا تاپىدۇ. ئاچلىق كۆپ ئۇچرايدۇ. شۇڭا، نانغا بولغان ئېھتىياج كۆپتۇر. بۇنى ئېتىبارغا ئېلىپ تۇرۇپ «نان ئەۋزەل» دېيىلىدۇ. چۈنكى، كىشىلەرنىڭ گۇناھ – مەئىسيەتلەرنى قىلىشى ۋە مەغرۇرلىنىشى كۆپتۇر.

ئەگەر قورقۇش بىلەن ئۈمىد قىلىشنى سېلىشتۇرساق ئۈمىد قىلىش ئەۋزەلدۇر. چۈنكى، ئۈمىد قىلىش رەھمەت دېڭىزىدىن ئېلىنىدۇ. قورقۇش بولسا غەزەپ دېڭىزىدىن ئېلىنىدۇ.

تەقۋادار كىشىنىڭ قارىشىدا قورقۇش ۋە ئۈمىدۋارلىقنىڭ ئوتتۇراھال بولغىنى ئەۋزەلدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، «مۇئمىننىڭ قورقۇشى بىلەن ئۈمىدى ئۆلچەنسە ئىدى، ئەلبەتتە ئىككىسى باراۋەر كېلەتتى» دېيىلدى.

سەلەف سالىهلەردىن بىرى مۇنداق دېگەن: «ئەگەر ‹بىر ئادەمدىن باشقا بارلىق كىشىلەر جەننەتكە كىرسۇن› دەپ نىدا قىلىنسا، جەننەتكە كىرەلمەيدىغان شۇ ئادەمنىڭ مەن بولۇپ قېلىشمدىن قورقاتتىم، ئەگەر ‹بىر ئادەمدىن باشقا بارلىق كىشىلەر دوزاخقا كىرسۇن› دەپ نىدا قىلىنسا، دوزاخقا كىرمەيدىغان شۇ ئادەمنىڭ مەن بولۇپ قېلىشىمنى ئۈمىد قىلاتتىم».

بۇ قورقۇش سۈپىتى تەقۋادار مۇئمىنگە خاستۇر.

سوئال: مۇئمىن تەقۋادار بولسا ئۇنىڭ قەلبىدە ئۈمىدۋارلىق بىلەن قورقۇش تۇيغۇسى قانداقمۇ ئوخشاش بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈمىدۋارلىقى كۈچلۈك بولۇشى كېرەكقۇ؟

جاۋاب: مۇئمىن كىشى قىلغان ئەمىلىنىڭ توغرا بولغانلىقىغا جەزم قىلالمايدۇ. مۇئمىن خۇددى تۈرىنى سىناپ باقمىغان بىر قىسىم ئۇرۇقنى ئۆزىگە تونۇشسىز بولغان بىر زېمىنغا تېرىغان كىشىگە ئوخشايدۇ. ئۇرۇق بولسا ئىماندۇر. ئىماننىڭ توغرا بولۇش شەرتلىرى نازۇكتۇر. ئۇرۇق سېلىنغان زېمىن بولسا قەلبتۇر. قەلبنىڭ مۇناپىقلىق، شېرىك ۋە رىياكارلىققا ئوخشاش ناچار يوشۇرۇن سۈپەتلىرى بولىدۇ. قەلبنىڭ يوشۇرۇن گۈزەل ئەخلاقلىرى ھەم مۈجمەل بولىدۇ. چاقماقلار ئۆلۈم سەكراتىنىڭ قورقۇنچلىرىدۇر. ئۇندا ئەقىدىلەر تەۋرەيدۇ. بۇنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ قورقۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقرىدۇ. مۇئمىن قانداقمۇ قورقمىسۇن؟! ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇناپىقلار قاتارىدا بولۇپ قېلىشىدىن قورقۇپ ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن: «مەن مۇناپىقلار قاتارىدا بارمۇ؟» دەپ سورىغان ئىدى. ئەھۋالى ئۆزىگە مۈجمەل ۋە ئۆز ئەيىبى ئۆزىدىن يوشۇرۇن بولۇپ قالغان كىشىلا بۇ سوئالنى سورايدۇ. دېمەك، ماختىلىدىغان قورقۇش تۇيغۇسى ئەمەل قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ، قەلبنى دۇنياغا مايىل بولۇشتىن توسىدۇ.

ئىنسان ئۆلۈمىنى سەزگەندە ئۈمىدۋار بولغىنى ئەڭ ياخشىدۇر. چۈنكى، قورقۇش ئەمەل قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغان قامچىغا ئوخشاش بولۇپ، ئۆلۈم كەلگەندە ئەمەل قىلىش مۇمكىن بولمايدۇ. ئۆلۈم كەلگەندە، قورققۇچى ئۆزىنىڭ قەلب جان تومۇرىنى پارچىلاشتىن باشقا ھېچ پايدا ئالالمايدۇ. ئۇ ھالەتتە ئۈمىدۋار بولۇش ئۇنىڭ قەلبىنى كۈچلەندۈرىدۇ، پەرۋەردىگارىنى ئۇنىڭغا سۆيۈملۈك كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، مۇسۇلمان ئادەم ئاللاھ تائالانى ۋە ئاللاھ تائالا بىلەن دىدار مۇلاقات بولۇشنى ياخشى كۆرگەن ھەمدە ئاللاھ تائالادىن ياخشىلىق كۈتكەن ھالەتتىلا دۇنيادىن ئايرىلىشى كېرەك(21).

سۇلايمان ئەتتەيمىي رەھىمەھۇللاھ ئۆلۈمىنى سەزگەندە، يېنىدىكى كىشىگە: «ئاللاھ تائالادىن ياخشىلىق كۈتكەن ھالدا ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىشىم ئۈچۈن، ماڭا دىندىكى رۇخسەت ئەمەللەرنى سۆزلەپ بەرگىن» دېگەنىكەن.

پەسىل: قورقۇشنى جەلپ قىلىش يولىنىڭ بايانى

قورقۇش ئىككى يول بىلەن ھاسىل بولىدۇ:

بۇلارنىڭ بىرى ئىككىنچىسىدىن يۇقىرىدۇر. مىسال: بىر كىچىك بالا ئۆيىدە ئولتۇرغاندا، ئۆيگە يىرتقۇچ ھايۋان ياكى يىلان كىرسە، كىچىك بالا ئۇنىڭدىن قورقماسلىقى، بەلكىم يىلاننى ئويناش ئۈچۈن ئۇنىڭغا قولىنى سوزۇشى مۇمكىن. لېكىن، ئۇ بالىنىڭ يېنىدا دادىسىمۇ بار بولسا دادا يىرتقۇچ ھايۋاندىن قورقۇپ قاچسا، بالىمۇ دادىسىغا ئەگىشىپ ئۇنىڭدىن قورقۇپ قېچىشى مۇمكىن. بۇ ھالەتتە دادىنىڭ قورقۇشى يىرتقۇچ ھايۋاننىڭ يامانلىقىنى بىلگەنلىكتىن، بالىنىڭ قورقۇشى بولسا بىلمەستىن، بەلكى دادىسىغا تەقلىد قىلغانلىقتىن بولىدۇ. سەن بۇ مىسالنى چۈشەنسەڭ، بىلگىنكى، ئاللاھ تائالادىن قورقۇش ئىككى مەرتىۋە بولىدۇ.

بىرىنچى مەرتىۋە: ئاللاھ تائالانىڭ ئازابىدىن قورقۇش. بۇ بولسا ئومۇمىي مۇسۇلمانلارنىڭ قورقۇشىدۇر. بۇ قورقۇش جەننەت ۋە دوزاخقا ئىمان ئېيتىش، تائەت – ئىبادەتكە ۋە گۇناھ – مەئسىيەتكە جەننەت ۋە دوزاخنىڭ جازا – مۇكاپات بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىش ئارقىلىق ھاسىل بولىدۇ. بۇ قورقۇش ئىمان زەئىپ ياكى غەپلەت قاتتىق بولسا ئاجىز بولىدۇ. غەپلەت ئاخىرەت ئازابىنى ئەسلەش ۋە ئۇ ھەقتە تەپەككۇر قىلىش ئارقىلىق يوقىلىدۇ. ئاللاھ تائالادىن قورققۇچىلارغا قاراش، ئۇلار بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇش ياكى ئۇلار ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلاش ئارقىلىق غەپلەت يوقىلىپ، سەگەكلىشىدۇ.

ئىككىنچى مەرتىۋە: ئاللاھ تائالادىن قورقۇش. بۇ بولسا ئاللاھ تائالانى ھەقىقىي تونۇغۇچى ئالىملارنىڭ قورقۇش تۇيغۇسىدۇر.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئاللاھ سىلەرنى ئۆزىدىن قورقۇتىدۇ…﴾(3/«ئال ئىمران»: 28)

ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ سۈپەتلىرى قورقۇش ۋە ھۆرمەتلەش تۇيغۇسىنى كەلتۈرىدۇ. شۇڭا، ئۇلار ئاللاھ تائالادىن يىراقلىشىشتىن ۋە ئاللاھ تائالا بىلەن ئارىسىغا پەردە تارتىلىپ قېلىشتىن قورقىدۇ.

زۇننۇن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالانىڭ مۇھەببىتىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقۇشنىڭ ئالدىدا دوزاختىن قورقۇش دېڭىزدىكى بىر تامچىگە ئوخشايدۇ».

بارلىق كىشىلەرنىڭ بۇ تۈرلۈك قورقۇشتىن بىر قىسىم نەسىبىسى بولىدۇ. لېكىن، بۇ قورقۇش باشقىلارغا تەقلىد قىلىش بىلەن بولسا، خۇددى كىچىك بالىنىڭ دادىسىغا ئەگىشىپ يىلاندىن قورققىنىغا ئوخشايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ تۈرلۈك قورقۇش ئاجىز بولىدۇ. چۈنكى، باشقىلارغا ئەگىشىپ تەقلىد بىلەن قىلىنغان ئېتىقادلار كۆپىنچە ۋاقىتتا ئاجىز بولىدۇ. لېكىن، بۇ ئاجىز ئېتىقادلار داۋاملىق قورقۇشنى پەيدا قىلغۇچى سەۋەبلەرنى كۆرۈش، ئۇنىڭ تەلىپى بويىچە تائەت – ئىبادەتلەرنى كۆپ قىلىش ۋە گۇناھ – مەئسىيەتلەردىن ساقلىنىشقا داۋاملىشىپ كۈچەيسە ۋە بەندە ئاللاھ تائالانى ھەقىقىي تونۇشقا يۈكسەلسە، بەندە ئۇ چاغدا ئاللاھ تائالادىن مەجبۇر قورقىدۇ ۋە قەلبىگە قورقۇشنى جەلپ قىلىدىغان سەۋەبكە موھتاج بولمايدۇ، بەلكى ئاللاھ تائالادىن مەجبۇر قورقىدۇ. كىمكى بۇلارنى قىلىشتا كەمچلىك ئۆتكۈزسە ۋە ئۆزىنى داۋالىماقچى بولسا، ئۇنىڭ يولى قورقۇش ھەققىدىكى ھەدىسلەرنى ۋە ساھابەلەردىن كەلگەن ئەسەرلەرنى ئاڭلاش، قورققۇچىلارنىڭ سۆزلىرى ۋە ئەھۋاللىرىنى كۆرۈش ۋە ئۇلارنىڭ ئەقىللىرى ۋە مەرتىۋىلىرىنى ئۈمىد قىلغۇچىلار ۋە ئالدانغۇچىلارنىڭ مەرتىۋىلىرىگە سېلىشتۇرۇش، بۇ ئارقىلىق قورققۇچىلارغا ئەگىشىشنىڭ ئەڭ لايىق ئىكەنلىكىدە شەك قىلماسلىق كېرەك. چۈنكى، قورقۇش پەيغەمبەرلەرنىڭ، ئالىم ۋە ۋەلىيلەرنىڭ سۈپەتلىرىدۇر.

«سەھىھۇ مۇسلىم»دىكى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەنسارلاردىن بىر كىچىك بالىنىڭ جىنازە نامىزىغا چاقىرىلدى، مەن: ‹ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! بۇ نېمىدېگەن بەختىيار بالا – ھە! يامانلىقنى كۆرمىگەن ۋە يامان ئەمەل قىلىپ سالىدىغان ياشقا بارمىغان جەننەتنىڭ قۇچقاچلىرىدىن بىر قۇچقاچ› دېگەنىدىم، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹ئى ئائىشە! ئۇندىن باشقىچە بولسىچۇ؟ ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە جەننەتكە لايىق بولىدىغان كىشىلەرنى ئۇلار ئاتىلىرىنىڭ ئومۇرتقىلىرى ئىچىدىكى ھالەتلىرىدە جەننەتكە لايىق كىشىلەر قىلىپ ياراتتى ۋە دوزاخقا لايىق كىشىلەرنى ئۇلار ئاتىلىرىنىڭ ئومۇرتقىلىرى ئىچىدىكى ھالەتلىرىدە دوزاخقا لايىق بولىدىغان قىلىپ ياراتتى› دېدى»([22]).

كۆرۈنۈشى ئۈمىد قىلىش، ئەمما قاتتىق قورقۇتۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆۋەندىكى بۇ ئايەت ئاللاھ تائالانىڭ ئەڭ ئەجەبلىنەرلىك تۇيۇلىدىغان ئايەتلىرى قاتارىدىندۇر: ﴿تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، ئاندىن توغرا يولدا ماڭغان ئادەمنى مەن ئەلبەتتە ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىمەن﴾(20/«تاھا»: 82). دېمەك، ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە مەغپىرەت قىلىشىنى توغرا ئەمەل قىلىش تەس بولغان تۆت شەرتكە باغلىدى.

قورقۇتقۇچى ئايەتلەردىن ئەسىر سۈرىسىدىكى بۇ ئايەتلەر بار:

﴿زامان بىلەن قەسەمكى! ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، بىر ـ بىرىگە ھەقنى تەۋسىيە قىلىشقان، بىر ـ بىرىگە سەبرنى تەۋسىيە قىلىشقان كىشىلەردىن باشقا ھەممە ئادەم چوقۇم زىيان ئىچىدىدۇر﴾(103/«ئەسر»: 1 – 3). ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتلەردە زىيان تارتىشتىن خالاس قىلىدىغان تۆت شەرتنى بايان قىلغان.

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئەگەر بىز خاھلىساق، ھەربىر كىشىگە ئەلبەتتە ھىدايەت بېرەتتۇق، لېكىن مېنىڭ (گۇناھكارلارنى ئازاب قىلىشتىن ئىبارەت) ھۆكمىم بېكىتىلىپ بولدى. مەن چوقۇم جىنلار ۋە ئىنسانلار (يەنى ئۇلارنىڭ گۇناھكارلىرى) ھەممىسى بىلەن جەھەننەمنى تولدۇرىمەن﴾(32/«سەجدە»: 13).

مەلۇمكى، ئەگەر ئىش ئەزەلدىن پۈتۈلمەيدىغان بولسا ئىدى، ئىنساندىكى تەمە ھىيلە – مىكىر ئىشلىتىشكە بېرىپ تاقالغان بولاتتى. ئەمما، ئەزەلىي پۈتمىشنى ئۆزگەرتىش مۇمكىن بولمىغاچقا، ئۇنىڭغا رازى بولماي ئامال يوق. ئەگەر ئاللاھ تائالا ئۆزىنى ھەقىقىي تونۇغۇچىلارغا مېھرىبانلىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى ئۈمىد بىلەن راھەتلەندۈرمىسە ئىدى، ئۇلارنىڭ قەلبلىرى قورقۇش ئوتىدا كۆيۈپ كەتكەن بولاتتى.

ئەبۇددەرداﺋ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئۆلەر ۋاقتىدا ئىمانى تارتىلىپ كەتمەسلىكىدىن ئەمىن بولسا، ئۇنىڭدىن ئىمانى تارتىۋېلىنىدۇ»(23).

سۇفيان سەۋرىي ئۆلۈمىنى سەزگەندە، يىغلاشقا باشلىدى، بىر كىشى:

— ئى ئەبۇ ئابدۇللاھ! مەن سېنى گۇناھلىرى كۆپ كىشى ئوخشايدۇ دەپ گۇمان قىلىۋاتىمەن، — دېگەنىدى، سۇفيان سەۋرىي يەردىن ئازراق توپا ئېلىپ:

— ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى! مېنىڭ نەزەرىمدە گۇناھلىرىم بۇنىڭدىن يەڭگىلدۇر، لېكىن مەن ئۆلۈشنىڭ ئالدىدا ئىمانىمنىڭ تارتىلىپ كېتىشىدىن قورقۇۋاتىمەن، — دېدى.

سەھل رەھىمەھۇللاھ دەيدۇ: «ئاللاھ رازىلىقىنى ئىرادە قىلغۇچى گۇناھ – مەئسىيەتلەر بىلەن سىنىلىپ قېلىشتىن قورقىدۇ. ئاللاھنى ھەقىقىي تونۇغۇچى بولسا كۇفۇرلىق بىلەن سىنىلىپ قېلىشتىن قورقىدۇ».

رىۋايەت قىلىنىدۇكى، «بىر پەيغەمبەر ئاللاھ تائالاغا ئاچ ۋە يالىڭاچ قالغانلىقتىن شىكايەت قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا ۋەھيى قىلىپ:

— بەندەم! قەلبىڭنى ماڭا كافىر بولۇشتىن ساقلاپ قالغىنىمغا رازى بولمىدىڭمۇ؟ يەنە دۇنيا سورامسەن؟! — دېگەندە، ئۇ پەيغەمبەر:

— يوقسۇ، مەن رازى بولدۇم، رەببىم! مېنى كۇفۇردىن ساقلاپ قالغىن، — دەيدۇ».

بىدئەتچىلىك، مۇناپىقلىق، تەكەببۇرلۇق ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش يامان سۈپەتلەر ئىنساننىڭ يامان ئاقىۋەتتە ئۆلۈپ قېلىشىغا سەۋەب بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن سەلەف سالىهلەر مۇناپىقلىقتىن قاتتىق قورقاتتى.

ئۇلاردىن بىرى مۇنداق دېگەن: «مەن مۇناپىقلىقتىن پاك ئىكەنلىكىمنى بىلەلىگەن بولسام، بۇ ماڭا قۇياش نۇر چاچقان جىمى نەرسىلەردىن ياخشى بولغان بولاتتى».

ئۇلار ئەقىدىدىكى مۇناپىقلىقنى ئەمەس، بەلكى سەھىھ ھەدىستە كەلگىنىدەك، ئەمەللەردىكى مۇناپىقلىقنى كۆزدە تۇتاتتى.

ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مۇناپىقنىڭ ئالامىتى ئۈچ: سۆزلىسە يالغان سۆزلەيدۇ، ۋەدە قىلسا ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىدۇ ۋە ئامانەت قويۇلسا خىيانەت قىلىدۇ»(24).

يامان ئاقىۋەتنىڭ مەنىسى (سوء الخاتمة)
يامان ئاقىۋەتتە ئۆلۈشنىڭ ئىككى دەرىجسى باردۇر:

بىرىنچىسى، بۇ ئىككى دەرىجىنىڭ چوڭىدۇر. ئۇ بولسا: سەكراتقا چۈشكەندە ۋە ئۇنىڭ تەشۋىشلىرى باسقاندا قەلبنىڭ شەك ۋە ئىنكار قىلىشقا يېڭىلىشى بولۇپ، بۇ ھالەتتە ئۆلۈپ كېتىش مەڭگۈلۈك ئازابقا قېلىشقا سەۋەب بولىدۇ. ئاللاھ تائالادىن بۇنداق ھالەتتە ئۆلۈپ كېتىشتىن پاناھ تىلەيمىز.

ئىككىنچىسى، بۇ بىرىنچىسىدىن تۆۋەن ئورۇندا تۇرىدۇ. يەنى، ئاللاھ تائالانىڭ تەقدىرلىرىگە رازى بولماسلىق ۋە تەقدىرگە ئاغزاكى ئېتىراز قىلىش ياكى قىلغان ۋەسىيتىدە ئادالەتسىزلىك قىلىش، ياكى مەلۇم بىر گۇناھنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھالەتتە ئۆلۈپ كېتىش قاتارلىقلار.

رىۋايەت قىلىنىدۇكى، «ئادەم بالىسىغا ئۆلۈم كەلگەندە، شەيتان ئۇنىڭغا قاتتىق ھۇجۇم قىلىدۇ ۋە ياردەمچىلىرىگە: ‹بۇ ئادەمنى ئازدۇرۇڭلار، ئۇ بۈگۈن دۇنيادىن كېتىپ قالسا ئۇنى ئازدۇرالمايسىلەر› دەيدۇ».

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دۇئا قىلىدىغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «ئى ئاللاھ! ساڭا سىغىنىپ، ئۆلۈم ۋاقتىدا شەيتاننىڭ ماڭا چېپىلىشىدىن پاناھ سورايمەن»(25).

خەتتابىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «ئۆلۈم ۋاقتىدا شەيتاننىڭ چېپىلىشى بولسا شەيتاننىڭ ئىنسانغا ئۆلۈم كەلگەندە، ئۇنىڭغا يېپىشىۋېلىپ، ئۇنى ئازدۇرۇپ، تەۋبە قىلىشىنى ياكى قىلغان زۇلمىنى تاشلىشىنى توسۇشى، ياكى ئۇنى ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ، ئۇنىڭغا ئۆلۈمنى يامان كۆرسىتىپ، ئۇنى ئاللاھ تائالانىڭ ھۆكمىگە رازى بولماسلىققا ئېلىپ بېرىشىدۇر».

يامان ئاقىۋەتتە ئۆلۈشكە ئېلىپ بارىدىغان سەۋەبلەرنى تەپسىلى بايان قىلىش مۇمكىن ئەمەستۇر. لېكىن، ئۇنىڭغا ئومۇمىي جەھەتتىن ئىشارە قىلىش مۇمكىن. ھاياتىنىڭ شەك ۋە ئىنكار قىلىش ئۈستىدە ئاخىرلىشىشىغا سەۋەب بولىدىغان ئىش بىدئەتچىلىكتۇر. يەنى ئاللاھ تائالانىڭ زاتى، سۈپەتلىرى، ئىشلىرى ھەققىدە بىراۋلارغا ياكى ئۆزىنىڭ بۇزۇق پىكرىگە ئەگىشىپ، خاتا بولغان ئېتىقادنى تۇتۇشتۇر. كىشىگە ئۆلۈم كېلىپ، پەردە ئېچىلغاندا ئۇ ئېتىقاد قىلغان نەرسىسىنىڭ باتىللىقىنى كۆرىدۇ. شۇ چاغدا ئۇ ئىنسان ئۆزى ئىشەنگەن جىمى نەرسىلەرنىڭ بىھۇدە ئىكەنلىكىگە جەزم قىلىدۇ.

بىر كىشى ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ۋە ئۇنىڭ سۈپەتلىرى ھەققىدە چوڭقۇر ئىزدەنمەي ۋە تەكشۈرمەي، سەلەف سالىهلەرنىڭ يولى بويىچە تەلتۆكۈس ئېتىقاد قىلسا بۇ خەتەردىن قۇتۇلغاي. ئىنشائاللاھ.

گۇناھ – مەئسىيەتلەرنى قىلغان ھالىتىدە ھاياتىنىڭ ئاخىرلىشىش سەۋەبى بولسا ئەسلىدىلا ئىماننىڭ ئاجىز بولۇپ قېلىشىدۇر. ئاجىز ئىمان داۋاملىق گۇناھ – مەئسىيەتلەرنى قىلىشقا سەۋەب بولىدۇ. گۇناھ – مەئسىيەتلەر ئىمان نۇرىنى ئۆچۈرۈپ تاشلايدۇ. ئىمان ئاجىز بولسا ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈش ئاجىز بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىمانى ئاجىز ئىنسان سەكراتقا چۈشسە، دۇنيادىن ئايرىلىشقا چىدىمايدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ ئىمانى تېخىمۇ ئاجىزلايدۇ. دېمەك، ھاياتىنىڭ بۇ خىل يامان ھالەتتە ئاخىرلىشىشىغا ئېلىپ بارىدىغان سەۋەب ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈشنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان ئىمانى ئاجىزلىق بىلەن بىرگە، يەنە دۇنيانى ياخشى كۆرۈش ۋە دۇنياغا مايىل بولۇشتۇر. قەلبىدە ئاللاھ تائالانىڭ مۇھەببىتىنى دۇنيا مۇھەببىتىدىن يۇقىرى ھالەتتە ھېس قىلغان كىشى بۇ خەتەردىن يىراقتۇر. ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرگەن ھالىتىدە ئۆلۈپ كەتكەن كىشى ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىغا ئىشتىياق باغلىغۇچى ياخشى بەندە ھالىتىدە كېلىدۇ. ئۇ بەندە ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىغا كېلىشى بىلەنلا ئاللاھ تائالانىڭ ئەزىزىلشىدىن سىرت ئۇچراشقۇسى خۇشال – خۇراملىق ھېچكىمگە مەخپىي ئەمەستۇر.

كىمنىڭكى خىيالىغا ئاللاھ تائالانىڭ ئىشىنى ئىنكار قىلىش كىرگەن ياكى ئىزچىل ئاللاھ تائالاغا قارشى تۇرغان ھالدا ئۆلۈپ كەتسە، ئۇنداق كىشى ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىغا مەجبۇرىي كەلگەن بەندىگە ئوخشاش بولىدۇ. ئۇنداق كىشى ئۇچرايدىغان ئازابمۇ ھېچكىمگە مەخپىي ئەمەستۇر.

بۇ خەتەرلەردىن سالامەت قېلىشنى كۆزلىگەن كىشى ھالاكەت سەۋەبلىرىدىن يىراق تۇرۇشى كېرەك. شۇنى بىلىش كېرەككى، قەلبلەرنىڭ ھەقتىن يۈز ئۆرۈشى ۋە ئەھۋاللارنىڭ ئۆزگىرىشى ئاللاھ تائالادىن قورققۇچىلارنىڭ قەلبلىرىنى بىئارام قىلىدۇ.

«سەھىھەين»دە سەھل ئىبنى سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «شەكسىزكى، بىر ئادەم كىشىلەرگە كۆرۈنۈشتە دوزاخ ئەھلىنىڭ ئەمىلىنى قىلىدۇ، ھالبۇكى ئۇ كىشى جەننەت ئەھلىدىندۇر. شەكسىزكى، يەنە بىر ئادەم كىشىلەرگە كۆرۈنۈشتە جەننەت ئەھلىنىڭ ئەمىلىنى قىلىدۇ، ھالبۇكى ئۇ دوزاخ ئەھلىدىندۇر»(26). رىۋايەت قىلىنىدۇكى، «بىر بەندىنىڭ جېنى ئاسمانغا ئۆرلىسە، پەرىشتىلەر: ‹سۇبھانەللاھ (ئاللاھ پاكتۇر)، بۇ بەندە شەيتاندىن قۇتۇلدى، نېمىدېگەن گۈزەل – ھە! ئۇ بەندە شەيتاندىن قانداق قۇتۇلغاندۇ؟!› دەيدۇ»(27).

يامان ئاقىۋەتتە ئۆلۈشنىڭ مەنىسىنى بىلگەن بولساڭ، بۇنىڭغا سەۋەب بولىدىغان خۇسۇسلاردىن ئېھتىيات قىلغىن! ۋە شۇنىڭغا لايىق ئەمەللەرنى قىلىپ تەييارلىق قىلغىن! تەييارلىق قىلىشنى كېچىكتۈرمىگىن! چۈنكى، ئۆمۈر قىسقىدۇر. بىلگىنكى، ھەر نەپەس ئېلىشىڭ ئۆلۈمگە بىر قەدەم يېقىنلاشقىنىڭدۇر. چۈنكى، نەپەس ئېلىۋاتقىنىڭدا جېنىڭ ئېلىنىشى مۇمكىن. ئىنسان قانداق ياشىغان بولسا، شۇنداق ۋاپات تاپىدۇ ۋە قىيامەتتە ۋاپات بولغان ھالىتىدە قوپىدۇ.

شۇنى بىلگىنكى، ئاخىرەتكە لايىقىدا تەييارلىق قىلىش پەقەت ئۆرە تۇرالىغۇدەك يېمەكلىككە قانائەت قىلىش ۋە تۇرمۇشقا لازىملىق نەرسىلەردىن ئارتۇقىنى تەلەپ قىلماسلىق بىلەنلا قولاي بولىدۇ. بىز نۆۋەتتە قەلبىڭدىكى بەزى قاتتىقلىقلارنى يوقىتىشنى ئۈمىد قىلىپ، ئاللاھ تائالادىن قورققۇچىلارنىڭ بەزى خەۋەرلىرىنى ساڭا بايان قىلىمىز. سەن پەيغەمبەرلەر ۋە ۋەلىيلەرنىڭ سەندىن ئەقىللىق ئىكەنلىكىگە ئىشىنسەن. نەپسىڭنىڭ پايدىسىغا تەييارلىق قىلىشىڭ ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئاللاھ تائالادىن قاتتىق قورقىدىغانلىقىنى ئويلىغىن.

پەرىشتىلەرنىڭ ئاللاھ تائالادىن قورقۇشىنىڭ بايانى
ئاللاھ تائالا پەرىشتىلەرنى سۈپەتلەپ مۇنداق دېگەن: ﴿ئۇلار ئۆز ئۈستىدىكى پەرۋەردىگارىدىن قورقىدۇ، ئۆزلىرىگە بۇيرۇلغاننى قىلىدۇ﴾(16/«نەھل»: 50).

بىزگە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالانىڭ بىر تۈركۈم پەرىشتىلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆكرەك مۇسكۇللىرى ئاللاھ تائالادىن قورقۇپ تىترەپ تۇرىدۇ»(28).

دەرلەركى: «ئەرشنى كۆتۈرىدىغان پەرىشتىلەر ئىچىدە ئىككى كۆزىدىن دەرياغا ئوخشاش ياش ئاقىدىغان پەرىشتىلەر بار. ئۇنداق پەرىشتە بېشىنى كۆتۈرسە: ‹ئى ئاللاھ! سەن پاكتۇرسەن، سەندىن لايىقىدا قورقمىدۇق› دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا: ‹مېنىڭ ئىسمىم بىلەن يالغاندىن قەسەم قىلىدىغانلار بۇنى بىلمەيدۇ› دەيدۇ»(29).

جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مەن سەيىر قىلدۇرۇلغان كېچىسى جىبرىل ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھ تائالادىن قورققانلىقىدىن كونا تۇلۇمغا ئوخشاش بولۇپ قالغان ھالەتتە كۆردۈم»(30).

دەرلەركى: جىبرىل ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا يىغلىغان ھالەتتە كەلگەندە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا:

ــ نېمىشقا يىغلايسەن؟ ــ دېدى. جىبرىل:

ــ ئاللاھ تائالا جەھەننەمنى ياراتقاندىن باشلاپ، مەن ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىپ قالسام ئۇنىڭ مېنى جەھەننەمگە تاشلىشىدىن قورقۇپ، كۆزۈمدىن ياش قۇرۇپ باقمىدى، ــ دەپ جاۋاب بەردى»(31).

يەزىد ئەررەققاشىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ تائالانىڭ ئەرش ئەتراپىدا قىيامەت كۈنىگىچە كۆزلىرىدىن دەرياغا ئوخشاش ياشلار ئاقىدىغان پەرىشتىلىرى بار. ئۇلار خۇددى شامال دەرەخنى ھەرىكەتلەندۈرگەندەك، ئاللاھ تائالادىن قورقۇپ مىدىرلاپ كېتىدۇ. ئۇلارغا ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە:

— سىلەر مېنىڭ قېشىمدا تۇرساڭلار، سىلەرنى نېمە قورقۇتىدۇ؟ — دەيدۇ. ئۇلار:

— رەببىمىز! ئەگەر ئاسمان ۋە زېمىن ئەھلى سېنىڭ قۇدرىتىڭ ۋە كاتتىلىقىڭدىن بىز بىلگەننى بىلگەن بولسا ئىدى، ئۇلار يېگەن – ئىچكىنىنى سىڭدۈرەلمىگەن، كۆرپە – تۆشەكلىرىدە يېيىلىپ ياتمىغان بولاتتى، بەلكى ئۇلار سەھرالارغا چىقىپ كالا مۆرىگەندەك مۆرىگەن بولاتتى، — دەيدۇ»(32).

مۇھەممەد ئىبنى مۇنكەدىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «دوزاخ يارىتىلغان چاغدا پەرىشتىلەرنىڭ يۈرەكلىرى ئۆز ئورۇنلىرىدىن چىقىپ كېتىپ، ئادەم ئەلەيھىسسالام يارىتىلغاندا ئاندىن جايىغا كەلگەن ئىدى»(33).

رىۋايەت قىلىنىدۇكى، «ئىبلىسنىڭ قىلمىشلىرى ئايان بولغاندا، جىبرىل بىلەن مىكائىل ئەلەيھىسسالاملار يىغلاشقا باشلىدى. ئاللاھ تائالا ئىككىسىگە ۋەھيى قىلىپ:

— نېمىشقا يىغلايسىلەر؟ — دېدى. ئىككىسى:

— بىز سېنىڭ جازالىشىڭدىن بىغەم بولالمايمىز، — دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا:

— مۇشۇ ھالدا بولۇڭلار، — دېدى»(34).

پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاللاھ تائالادىن قورقۇشىنىڭ بايانى
ۋەھب ئىبنى مۇنەببىھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «ئادەم ئەلەيھىسسالام جەننەتتە 300 يىل يىغلىدى ۋە خاتالىق ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ئاللاھ تائالادىن ھايا قىلىپ بېشىنى ئاسمانغا كۆتۈرمىگەن ئىدى»(35).

ۋۇھەيىب ئىبنى ۋەرد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئاللاھ تائالا نۇھ ئەلەيھىسسالامغا ئۇنىڭ ئوغلى ھەققىدە كايىپ: ﴿مەن ساڭا جاھىللاردىن بولماسلىقىڭنى نەسىھەت قىلىمەن﴾(11/«ھۇد»: 46) دېگەندە، نۇھ ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ ئازابىدىن قورقۇپ 300 يىل يىغلاپ، ئۇنىڭ ئىككى كۆزى ئاستىدا ئېرىقتەك جىجىقلار پەيدا بولۇپ قالغان ئىدى»(36).

ئەبۇددەرداﺋ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام نامازغا تۇرغاندا، ئاللاھ تائالادىن قورققانلىقىدىن كۆكسىدىن يىراقتىن ئاڭلىغىلى بولىدىغان دەرىجىدە يىغا ئاۋازى ئاڭلىناتتى»(37).

مۇجاھىد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «داۋۇد ئەلەيھىسسالام خاتالىق ئۆتكۈزگەندە، 40 كۈن ئاللاھ تائالاغا سەجدە قىلىپ يىغلاپ، يىغىسىدىن ئەتراپىدا بېشى چۆككۈدەك ئۆسۈملۈكلەر ئۆسكەن ئىدى. ئاندىن داۋۇد ئەلەيھىسسالام:

— پەرۋەردىگارىم! پېشانەم جاراھەتلەندى، كۆزۈمدە ياش قالمىدى، داۋۇدقا ئۆتكۈزگەن خاتالىقىدىن ھېچ پايدا كەلمىدى، — دەپ نىدا قىلغانىدى، ئۇنىڭغا:

— ئاچ قورساقمۇسەن؟ يېمەك بېرەي؟! كېسەل بولساڭ، شىپالىق بېرەي؟! زۇلۇمغا ئۇچرىغان بولساڭ، ياردەم بېرەي؟! — دەپ خىتاب قىلىندى. بۇنى ئاڭلاپ داۋۇد ئەلەيھىسسالام قاتتىق يىغلىدى، بۇ يىغىدىن بارلىق ئۆسكەن ئۆسۈملۈكلەر لەپىلدەپ كەتتى. شۇ چاغدا ئاندىن داۋۇد ئەلەيھىسسالامغا مەغپىرەت قىلىندى»(38).

دەرلەركى: «كىشىلەر داۋۇد ئەلەيھىسسالامنى كېسەل ئوخشايدۇ دەپ يوقلىشاتتى، ھالبۇكى ئۇ (كېسەل ئەمەس) ئاللاھ ئەززە ۋەجەللەدىن قاتتىق قورققانلىقتىن كېسەلدەك بولۇپ قالغان ئىدى»(39).

ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئۆلۈمنى ئەسلىسە، تېرىسىدىن قان تامچىلايتتى(40).

يەھيا ئىبنى زەكەرىييا ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالادىن قورقۇپ يىغلاپ، مەڭزى جاراھەتلىنىپ، ئېزىق چىشلىرى كۆرۈنۈپ قالغان ئىدى، ئانىسى كىگىزدىن ئىككى پارچە ياماق ياساپ ئۇنىڭ مەڭزىدىكى يوچۇقلار كۆرۈنۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن مەڭزىگە چاپلاپ قويغان ئىدى(41).

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاللاھ تائالادىن قورقۇشى
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى: «مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كىچىك تىلى كۆرۈنۈپ قالغۇدەك دەرىجىدە كۈلگىنىنى كۆرۈپ باقمىدىم. رەسۇلۇللاھ پەقەت تەبەسسۇم قىلاتتى. ئاللاھ رەسۇلى ھاۋانىڭ تۇتۇلغانلىقىنى ياكى بوران چىققانلىقىنى كۆرسە، قورققانلىقى يۈزىگە چىقاتتى. مەن ئۇ زات سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە:

— ئى ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبىرى! كىشىلەر ھاۋانىڭ تۇتۇلغانلىقىنى كۆرسە، يامغۇرنىڭ يېغىشىنى ئۈمىد قىلىپ خۇشال بولىدۇ، ھالبۇكى سىز ھاۋا تۇتۇلغانلىقىنى كۆرگەندە يۈزىڭىزدىن بىئاراملىق ئالامىتى كۆرۈۋاتىمەن، — دېگەنىدىم، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— ئى ئائىشە! ئۇنىڭدا ئازاب بولۇپ قالماسلىقىدىن مەن قانداق ئەمىن بولالايمەن؟! بىر قەۋم بوران بىلەن ئازاب قىلىندى. ھالبۇكى، ئۇ قەۋم ئازابنى كۆرۈپ بۇ بىزگە ﴿يامغۇر ياغدۇرىدىغان بۇلۇتتۇر﴾(46/«ئەھقاف»: 24) دېگەن ئىدى، — دېدى»(42).

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ناماز ئوقۇۋاتقاندا يىغلىغانلىقتىن قورسىقىدىن قازاننىڭ قاينىغان ئاۋازىغا ئوخشاش ئاۋاز چىقاتتى(43).

ساھابەلەرنىڭ ئاللاھ تائالادىن قورقۇشى
رىۋايەت قىلىنۇركى: «ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تىلىنى تۇتاتتى ۋە ‹بۇ تىل مېنى ھالاكەت ئورۇنلىرىغا ئېلىپ كەلدى› دەيتتى». ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «كاشكى مەن كېسىپ تاشلىنىپ، قالىنىدىغان دەرەخ بولغان بولسامچۇ!» ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن باشقا تەلھە، ئەبۇددەرداﺋ ۋە ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇملارمۇ بۇنىڭغا ئوخشىغان سۆزلەرنى قىلغان(44).

ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر ئايەتنى ئاڭلىسا، ئايەت تەسىر قىلىپ كېسەل بولۇپ قالاتتى ۋە باشقىلار ئۇنى يوقلاپ كېلەتتى.

ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر كۈنى يەردىن بىر تال ساماننى ئېلىپ: «كاشكى مەن مۇشۇ سامان بولۇپ قالغان بولسامچۇ! كاشكى مەن ﴿تىلغا ئېلىنىدىغان نەرسە﴾(76/«ئىنسان»: 1) بولمىغان بولسامچۇ! كاشكى مېنى ئانام تۇغمىغان بولسىچۇ!» دېگەن ئىدى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يۈزىدە ئاللاھ تائالادىن قورقۇپ يىغلىغانلىقتىن، ئىككى قارا سىزىق ئىزى پەيدا بولۇپ قالغان ئىدى.

ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئاللاھ تائالادىن قورقۇپ: «مەن ئۆلسەم تىرىلدۈرۈلمەسلىكنى ئارزۇ قىلىپ قالدىم» دېگەن.

ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئاللاھ تائالادىن قورقۇپ مۇنداق دېگەن: «كاشكى مەن بىر قوچقار بولغان بولسام، ئائىلەم مېنى بوغۇزلاپ، گۆشۈمنى پىشۇرۇپ يېسە، شورپامنى ئىچسە دېگەننى ئارزۇ قىلىپ قالدىم».

ئىمران ئىبنى ھۇساين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «كاشكى! مەن شاماللار سورۇۋېتىدىغان كۈل بولۇپ قالغان بولسامچۇ!» دېگەن.

ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «مېلىمنى باشقۇرىدىغان بىر ئادەم بولسا، مەن ئىشىكىمنى ئېتىۋېتىپ، ئاللاھ تائالاغا ئۇچراشقۇچە ھېچكىم بىلەن كۆرۈشمەي ئىبادەت قىلىشنى ئارزۇ قىلىپ قالدىم» دېگەن.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ مەڭزىدە كونا يىپقا ئوخشايدىغان ياش ئېرىقچىسى بار ئىدى.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئاللاھ تائالادىن قورقۇپ: «كاشكى! مەن ئۇنتۇلۇپ كەتكەن بىرنەرسە بولسامچۇ!» دېگەن.

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتۇر: «مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابەلىرىنى كۆرگەنمەن، بۈگۈن ئۇلارغا ئوخشايدىغان بىركىمنى كۆرمىدىم. ئۇلار كۆپ ئىبادەت قىلىپ چاچلىرى رەتسىز، چاڭ – توزان باسقان ھالەتتە تاڭ ئاتقۇزاتتى. ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئوتتۇرىسىدا ئۆچكىنىڭ تىزلىرىغا ئوخشاش ئىزلار بار ئىدى. ئۇلار ئاللاھ تائالا رازىلىقىنى تىلەپ، كېچىلەرنى ﴿سەجدە قىلىش ۋە قىيامدا تۇرۇش﴾(25/«فۇرقان»: 64) بىلەن ئۆتكۈزەتتى. پېشانىلىرى ۋە قەدەملىرى ئارىسىدا نۆۋەتلەشكەن (يەنى سەجدە قىلغان ۋە قىيامدا تۇرغان) ھالدا ئاللاھ تائالانىڭ كىتابىنى تىلاۋەت قىلىپ، كېچىلەرنى ئۆتكۈزەتتى. ئۇلار تاڭ ئاتقاندا ئاللاھ تائالانى زىكىر قىلىپ، شامال چىققاندا تەۋرەنگەن دەرەخكە ئوخشاش تەۋرىنەتتى. ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىن ياشلار ئېقىپ كىيىملىرى ھۆل بولۇپ كېتەتتى. ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى! مەن ھازىر كىشىلەرنى غەپلەتتە يېتىۋاتقاندەك كۆرۈۋاتىمەن».

تابىئىنلەر ۋە ئۇلاردىن كېيىنكىلەرنىڭ ئاللاھ تائالادىن قورقۇشىنىڭ بايانى
ھەرەم ئىبنى ھەييان رەھىمەھۇللاھ ئېيتۇر: «ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى! مەن تۆگە يەيدىغان بىر دەرەخ بولۇپ، تۆگە مېنى زېمىنغا قۇمىلاقداپ تاشلىسا، مەن قىيامەت كۈنىدىكى ھېسابقا ئۇچراشمىسام دېگەننى ئازرۇ قىلىپ قالدىم. ھەقىقەتەن مەن قىيامەت كۈنىدىكى ئەڭ چوڭ ئازابتىن قورقىمەن».

ئەلى ئىبنى ھۇسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تاھارەت ئالسا يۈزى سارغىيىپ، ئۆزگىرىپ كېتەتتى. ئۇنىڭغا:

— ساڭا نېمە بولدى؟ — دېيىلسە، ئۇ:

— سىلەر مېنىڭ كىمنىڭ ئالدىدا تۇرماقچى بولغىنىمنى بىلەمسىلەر؟! —— دەيتتى.

مۇھەممەد ئىبنى ۋاﺳﯩﺌ رەھىمەھۇللاھ تولۇق بىر كېچە توختاپ قالماي يىغلايتتى.

ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز رەھىمەھۇللاھ ئۆلۈمنى ئەسلىگەندە، قۇشنىڭ ھەرىكەت قىلغىنىدەك ھەرىكەت قىلاتتى. يىغلاپ ياشلىرى ساقاللىرىنى نەمدەيتتى. بىر كېچىسى ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز يىغلىدى، ئارقىدىن ئۆي ئەھلىمۇ يىغلىدى. ئۇلارنىڭ ياشلىرى توختىغاندا، پاتىمە:

— ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! دادام ساڭا فىدا بولسۇن، نېمىشقا يىغلىدىڭ، — دەپ سورىغانىدى، ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز:

— مەن كىشىلەرنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدىن قايتىش مەنزىلى ھەققىدىكى: ﴿بىر پىرقە جەننەتتە، يەنە بىر پىرقە دوزاختا بولىدۇ﴾(42/«شۇرا»: 7) دېگەن ئايەتنى ئېسىمگە ئالدىم، — دېدى ۋە توۋلاپ ھوشىدىن كەتتى.

مەنسۇر بەيتۇلمۇقەددەسكە بارماقچى بولغاندا، ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز رەھىمەھۇللاھقا سۆھبەتداش بىر ئابىدنىڭ يېنىغا كىرىپ، ئۇنىڭغا:

— ماڭا سەن ئۆمەردىن كۆرگەن ئەڭ ئەجەبلىنەرلىك ئىشنى سۆزلەپ بەرگىن، — دېگەنىدى، ئابىد:

— ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز بىر كېچىسى مېنىڭ بۇ مەرمەر ئۆگزىلىك ھۇجرامنىڭ ئۆگزىسىدە ياتتى. مەن ئۇشتۇمتۇت نودىن ئاققان سۇنى كۆرۈپ، ئۆگزىگە چىقسام، ئۆمەر سەجدىدە ئىكەن. ئۇنىڭ ئىككى كۆزىدىن ئاققان ياش نودىن چۈشۈۋاتاتتى، — دېدى.

بىزگە رىۋايەت قىلىندىكى: ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز ۋە فەتىھ مەۋسىلىي ئىككىسى ئاللاھتىن قورقۇپ قان يىغلايتتى.

ئىبراھىم ئىبنى ئىيسا يەشكۇرىي رەھىمەھۇللاھ ئېيتۇر: «مەن بەھرەيىندە تەركى خالايىق ھالدا ئىبادەتكە بېرىلگەن بىر كىشىنىڭ يېنىغا كىرىپ، ئۇنىڭغا ئاخىرەت ئىشلىرىدىن بىر ئىشنى ۋە ئۆلۈمنى ئەسلەتسەم، بۇ گەپلەر تەسىر قىلىپ ئۇنىڭ نەپەس ئېلىشى تېزلىشىپ جېنى چىقىپ كەتتى».

مىسمەﺋ رەھىمەھۇللاھ ئېيتۇر: «مەن ئابدۇرراھمان ئىبنى زەيىدنىڭ يېنىغا باردىم، ئۇ ۋەز – نەسىھەت قىلىۋېتىپتىكەن. شۇ كۈنى شۇ سورۇندا ۋەز – نەسىھەت تەسىرىدىن تۆت كىشى ئۆلۈپ كەتكەن ئىدى».

يەزىد ئىبنى مىرسەد ناھايىتى كۆپ يىغلايتتى ۋە مۇنداق دەيتتى: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى! ئەگەر رەببىم مېنى ئىسسىق مۇنچىغا قاماشنى ۋەدە قىلسىمۇ، ئەلبەتتە مەن قورقۇپ يىغلاشتىن توختىيالماي قالغان بولاتتىم. مەن رەببىمگە ئاسىيلىق قىلسام، رەببىم مېنى دوزاخقا قاماشنى ۋەدە قىلىۋاتسا، مەن قانداقمۇ يىغلاشتىن چارچاپ قالاي؟!»

سەرىييۇسسەقەتىي رەھىمەھۇللاھ: «مەن ھەركۈنى گۇناھىم سەۋەبلىك يۈزۈم قارىداپ كېتىشىدىن قورقۇپ بۇرنۇمغا قارايمەن» دېگەن.

ۋەلھاسىل، بۇ بايانلار پەرىشتىلەرنىڭ، پەيغەمبەرلەرنىڭ، ئابىدلارنىڭ ۋە ۋەلىي – ئەۋلىيالارنىڭ ئاللاھ تائالادىن قورقۇشىدۇر. بىز ئۇلارغا قارىغاندا، ئاللاھ تائالادىن تېخىمۇ بەك قورقۇشقا لايىقمىز. لېكىن، قورقۇش گۇناھنىڭ كۆپلۈكىدىن ئەمەس، بەلكى قەلبنىڭ سۈزۈكلۈكى ۋە مۇكەممەل ئىلىم – مەرىپەت بىلەن ھاسىل بولىدۇ. نادانلىقىمىز غالىب كەلگەنلىكى ۋە قەلبىمىز قېتىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈنلا بىز ئاللاھ تائالانىڭ ئازابىغا بىپەرۋا، خاتىرجەم ياشىماقتىمىز. ساپ قەلبنى ئازراق قورقۇتۇشمۇ ھەرىكەتلەندۈرىدۇ. تاش قەلبكە ھەرقانداق ۋەز – نەسىھەت تەسىر قىلمايدۇ.

سەلەف سالىهلەردىن بىرى مۇنداق دېگەن: «مەن بىر ئابىدقا:

— ماڭا ۋەسىيەت قىلغىن، — دېگەنىدىم، ئۇ:

— ئەگەر سەن يىرتقۇچ ھايۋاناتلار ۋە ھاشاراتلار قورشىۋالغان، ئېھتىيات قىلمىسا يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ تۇتۇۋېلىشىدىن ياكى چىشلىشىدىن ھەزەر ئەيلەپ قورقۇپ تۇرىدىغان ئادەمنىڭ ھالىتىدە بولۇشقا قادىر بولالىساڭ، شۇنداق كىشىنىڭ ئورنىدا بولغىن، — دېدى. مەن ئۇنىڭغا:

— يەنە سۆزلەپ بەرگىن، — دېسەم، ئۇ ئابىد ماڭا:

— ئۇسسۇز قالغان كىشىگە ئازغىنە سۇ كۇپايە، — دېدى».

ئۇ ئابىدنىڭ بۇ كىشىگە ئېيتقان يىرتقۇچ ھايۋانلار ۋە ھاشاراتلار قورشىۋالغان بىر كىشىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈش ھەققىدىكى سۆزى ھەقىقەتتە مۇئمىن ھەققىدە دېيىلگەن سۆزدۇر. چۈنكى، ئۆزىنىڭ ئىچ دۇنياسىغا قەلب كۆزى بىلەن قارىغان كىشى باتىنىنى غەزەپلىنىش، ئاداۋەت تۇتۇش، ھەسەت قىلىش، تەكەببۇرلۇق، كۆرەڭلەش، رىياكارلىق ۋە ئۇنىڭدىن باشقا يامان سۈپەتلەردىن ئىبارەت يىرتقۇچ ھايۋانلار ۋە ھاشاراتلار بىلەن تولغان ھالەتتە كۆرىدۇ. ئەگەر ئۇ كىشى ئېھتىياتسىزلىق قىلسا، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى چىشلەيدۇ ياكى چاقىدۇ. لېكىن، مۇئمىن بۇ يىرتقۇچ ھايۋانلارنى كۆرەلمەيدۇ. ئىنسانغا ئۆلۈم كېلىپ، پەردە ئېچىلىپ، قەبرىگە قويۇلغاندا بۇ يامان سۈپەتلەرنى زەھەرلىك يىلان – چايانلار سۈرىتىدە كۆرىدۇ. ئۇ يىلان – چايانلار بولسا مەرھۇمنىڭ دۇنيادىكى يامان سۈپەتلىرىدۇر. كىمكى ئۆلۈم كېلىشتىن بۇرۇن ئۇ يامان سۈپەتلەرنى بويسۇندۇرۇش ۋە ئۇجۇقتۇرۇۋېتىشكە قادىر بولالسا شۇنداق قىلسۇن! ئەگەر ئۇنى قىلالمىسا، ئۇلارنىڭ چېقىشىغا ئۆزىنىڭ تاشقى تېرىسىدىن سىرت، قەلبىنىڭ ساپ يېرىدىن ئورۇن بەرگەن بولىدۇ.

 

ئىمام ئىبنى قۇدامە ئەلمەقدىسىينىڭ: «مۇختەسەرۇ مىنھاجۇل قاسىدىن» كىتابىدىن.

تەرجىـــمە قىلـــــغۇچى: ئابدۇللاھ ئابدۇلمەجىد

———————————————————–
1. ئەھمەد (17164)؛ تىرمىزىي: (2459) «بۇ ھەسەن ھەدىس» دېگەن. ئىبنى ماجە (4260)؛ ھاكىم: («ئەلمۇستەدرەك»، 4/280) «سەنەدى سەھىھ» دېگەن، زەھەبىيمۇ بۇنى ماقۇللىغان. شۇئەيب ئەلئەرنائۇت بىلەن ئالبانىي: («زەئىفۇلجاﻣﯩﺌ»، 4305) «زەئىف» دېگەن.
2. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (7405)؛ مۇسلىم (2675).
3. ئەھمەد (16059). ھاكىم: («ئەلمۇستەدرەك»، 7603) «سەنەدى سەھىھ» دېگەن، زەھەبىيمۇ بۇنى ماقۇللىغان. شۇئەيب ئەلئەرنائۇت بىلەن ئالبانىيمۇ: («سەھىھۇلجاﻣﯩﺌ»، 4316) «سەھىھ» دېگەن. ۋاسىلە ئىبنى ئەسقاﺋ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
4. مۇسلىم (2877). جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
5. سەنەدى ئىنتايىن زەئىف. ئىراقىي: («تەخرىجۇ ئەھادىيسى ئىھياﺋ»، 4/55) «بۇ ھەدىس كىتابلىرىدا يوق، بەلكىم ئىنجىل – تەۋراتلاردىن نەقىل قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن» دېگەن.
6. ئىمام ئەھمەد: «ئەززۇھد»، (2059)؛ ئەبۇ نۇئەيم: «ھىليەتۇل ئەۋلىياﺋ»، 3/292. سەنەدى زەئىف.
7. دارىمىي (298). ھۈسەين سەلىم ئەسەد: «سەنەدى زەئىف» دېگەن.
8. ئەھمەد (11255)؛ ئەبۇ يەئلا (1273)؛ «ئەلمۇستەدرەك (2130). ھاكىم، زەھەبىي، شۇئەيب ئەلئەرنائۇت ۋە ھۈسەين سەلىم ئەسەدلەر: «سەھىھ» دېگەن.
9. مۇسلىم (2749).
10. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6467)؛ مۇسلىم (2818).
11. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (4741)؛ مۇسلىم (222).
12. ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك: «ئەززۇھد»، (1364). سەنەدى زەئىفتۇر.
13. 21/«ئەنبىياﺋ»: 21 – ئايەتكە قاراڭ.
14. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6101)؛ مۇسلىم (2356). ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايىتى.
15. تىرمىزىي (2450). ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى. ئالبانىي: («سەھىھۇلجاﻣﯩﺌ»، 6222) «سەھىھ» دېگەن.
16. ئەھمەد (17696). ھاكىم: («ئەلمۇستەدرەك»، 84) «سەھىھ» دېگەن، زەھەبىيمۇ بۇنى ماقۇللىغان. شۇئەيب ئەلئەرنائۇت بىلەن ئالبانىي: («زىلالۇل جەننە»، 347) «سەھىھ لىغەيرىھى» دېگەن. ئەبۇددەرداﺋ، مۇئاز ۋە ئابدۇرراھمان ئەسسۇلەمىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار رىۋايىتى.
17. بەززار (1322)؛ بەيھەقىي: «شۇئەبۇلئىمان»، (782). ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى. ئالبانىي: («زەئىفۇلجاﻣﯩﺌ»، 391) «زەئىف» دېگەن.
18. تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، (15316). ئىمام ئۇقەيلىي («ئەززۇئەفاﺋ»، 1652)، زەھەبىي («لىسانۇلمىزان»، 6737) ۋە ھەيسەمىيلەر: («مەجمەئۇززەۋائىد»، 7122) «ئىنتايىن زەئىف، راۋىيلىرى نامەلۇم كىشىلەر، مەزمۇنى باتىل» دېگەن. ئەبۇ كاھىل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
19. ئىبنى ھىببان (640). ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى. شۇئەيب ئەلئەرنائۇت ۋە ئالبانىيلار: («سەھىھۇلجاﻣﯩﺌ»، 4332) «ھەسەن» دېگەن.
20. تىرمىزىي (1639). ئالبانىي: («سەھىھۇلجاﻣﯩﺌ»، 4112) «سەھىھ» دېگەن.
21. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «سىلەر ئاللاھ تائالادىن ياخشىلىق كۈتكەن ھالدا ئۆلۈڭلار» دېگەن. مۇسلىم (2877).
22) مۇسلىم (2662).
23. بەيھەقىي: «شۇئەبۇلئىمان»، (832).
24. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (33، 6094)؛ مۇسلىم (59). ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
25. ئەھمەد (15562)؛ ئەبۇ داۋۇد (1552)؛ نەسائىي (7917). ئالبانىي: («سەھىھۇلجاﻣﯩﺌ»، 1282) «سەھىھ» دېگەن. ئەبۇليۇسر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
26. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (4207)؛ مۇسلىم (112).
27. ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك: «ئەززۇھد»، (930). تابىئىنلاردىن ئابدۇلئەزىز ئىبنى رۇفەيئدىن مۇرسەلدۇر.
28. مۇھەممەد ئىبنى نەسر ئەلمەرۋەزىي: «تەئزىمۇ قەدرىسسالاتى»، (260)؛ بەيھەقىي: «شۇئەبۇلئىمان»، (886). ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇززەئىفە»، 1988) «زەئىف» دېگەن. تابىئىنلاردىن ئەدىي ئىبنى ئەرتا بىر ساھابەدىن ئاڭلىغان دەپ رىۋايەت قىلغان.
29. ئىبنى ئەبىددۇنيا: «ئەررىققە ۋەلبۇكاﺋ»، (407)؛ بەيھەقىي: «شۇئەبۇلئىمان»، (4516). تابىئىنلاردىن زىياد ئىبنى ئەبى ھەبىبتىن مۇرسەلدۇر. سەنەدى زەئىف.
30. ئىبنى ئەبىددۇنيا: «ئەررىققە ۋەلبۇكاﺋ»، (410)؛ تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل ئەۋسەت»، (4679)؛ ھەيسەمىي («مەجمەئۇززەۋائىد»، (246) بىلەن سۇيۇتىي («ئەلجامىئۇسسەغىر»، (8172): «سەھىھ» دېگەن. ئالبانىي: («سەھىھۇلجاﻣﯩﺌ»، 5864) «ھەسەن» دېگەن.
31. ئىبنى ئەبىددۇنيا: «سىفەتۇننار»، (216)؛ بەيھەقىي: «شۇئەبۇلئىمان»، (887). مۇرسەل ۋە سەنەدى زەئىف. ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇززەئىفە»، (6497) «توقۇلما» دېگەن.
32. ئىبنى ئەبىددۇنيا: «ئەررىققە ۋەلبۇكاﺋ»، (411). تابىئىنلاردىن يەزىد ئەررەققاشىيدىن مۇرسەلدۇر. سەنەدى زەئىف.
33. ئەبۇ نۇئەيم: «ھىليەتۇل ئەۋلىياﺋ»، 4/5. تابىئىنلاردىن تاۋۇستىن مۇرسەلدۇر. سەنەدى زەئىف.
34. ئەبۇششەيخ: «ئەلئەزەمە»، 383 – بەت. تەبەئى تابىئىن ئابدۇلئەزىز ئىبنى ئەبى رەۋۋاد سەنەدسىز رىۋايەت قىلغان.
35. ئىبنى ئەبىددۇنيا: «ئەررىققە ۋەلبۇكاﺋ»، (311). سەنەدى زەئىف.
36. ئىبنى ئەبىددۇنيا: «ئەررىققە ۋەلبۇكاﺋ»، (329). سەنەدى زەئىف.
37. بۇ رىۋايەتنىڭ سەنەدى بىرەر كىتابتىن تېپىلمىغان بولسىمۇ، ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿ئىبراھىم بولسا ھەقىقەتەن كۆڭلى كۆكسى كەڭ، كۆپ ئاھ چەككۈچى، ئاللاھقا مۇراجىئەت قىلغۇچى زاتتۇر﴾(11/«ھۇد»: 74) دېگەن ئايىتىنىڭ مەزمۇنى بۇنى كۆرسىتىدۇ.
38) ئىبنى ئەبىددۇنيا: «ئەررىققە ۋەلبۇكاﺋ»، (381). سەنەدى زەئىف.
39. ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك: «ئەززۇھد»، (174). سەنەدى زەئىف.
40. بۇ رىۋايەت «ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن»دا سەنەدسىز كەلتۈرۈلگەن.
41. ئىبنى ئەبىددۇنيا: «ئەررىققە ۋەلبۇكاﺋ»، (397). سەنەدى زەئىف.
42. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (4828، 4829)؛ مۇسلىم (899).
43. ئەھمەد (16355)؛ ئەبۇ داۋۇد (904)؛ نەسائىي (1156). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت ۋە ئالبانىيلار: («سەھىھۇتتەرغىب»، 544) «سەھىھ» دېگەن. ئابدۇللاھ ئىبنى شىخخىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
44. تىرمىزىي (2312). سەنەدى ھەسەن.

Please follow and like us: